![]() |
|||||
|
|
|
||||||||
|
|
|
|||||||
| سىياسىي ھاياتىم ـ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا |
✪مۇھەممە ئەمىن بۇغرا |
|
شەرقىي تۈركىستان زامانىۋىي قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنيا مەملىكەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشى بولمىغان، تەرك ئېتىلگەن بىر يەر ئىدى. ھۆكۈمران ئۇنسۇرى بولغان چىنلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى زامانىۋىي تەربىيەدىن مەرھۇم بىر ھالەتتە ئىدارە قىلماقتا ئىدى. بۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ قاراڭغۇلىقى ئىچىدە ياشىماقتا ۋە چىن ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئېغىر زۇلۇملىرىنى، مىللەتنىڭ ئېچىنارلىق دەرىجىدە ئارقىدا قالغانلىقىنى ھېس قىلىدىغان كىشىلەر يوق دېيەرلىك ئىدى. |
|
|
✪ تۇرغۇن ئالماس |
|
|
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۇلاھىزە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن تارىخشۇناسلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدا قاچاندىن بۇيان ماكانلاشقانلىقى ۋە ئەسلى كېلىپ چىقىشى ھەققىدە بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان مۇنداق ئىككى خىل كۆز قاراش بار. بۇ ئىككى خىل كۆز قاراشنىڭ بىرىنچى خىلى: ئۇيغۇرلار مىلادىنىڭ 845 - يىلى موڭغۇلىيە دالىسىدىن غەربكە كۆچۈپ، شىنجاڭدا ماكانلاشقان دەپ قارىسا، ئىككىنچى خىلدىكىلىرى، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مۇڭغۇلىيەنىڭ شەرقىدىكى ھىنگان تاغلىرى (قىدىرقان تاغلىرى) دىن غەربتە بالقاش كۆلىنىڭ بويىغىچە بولغان كەڭ تېررىتورىيىدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا (شىنجاڭ بۇنىڭ ئىچىدە) ئولتۇراقلاشقان قەدىمكى خەلق دەپ قارايدۇ. |
|
|
|
✪ ئابدۇلجېلىل تۇران |
|
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئىنقىلابىي ۋارىسى — ئابدۇلھەمىد داموللام 1949 ـ يىلى 10 ـ ئايدا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئارقا ـ ئارقىدىن مىللىي ئىنقىلاب بولدى. ئەنە شۇنداق ئىنقىلابلارنىڭ بىرسى 1955 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى خوتەندە يۈز بەرگەن، تارىختا «خوتەن ئىنقىلابىي» ياكى «ئابدۇلھەمىد داموللام ئىنقىلابىي» دەپ ئاتالغان شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق ئىنقىلابىدۇر. بۇ ئىنقىلابنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ۋە ئۇ ئىنقىلابنىڭ داھىسى ئابدۇلھەمىد داموللامدۇر. |
|
|
✪ دولقۇن ئىسا |
|
|
ئۈچ ئەپەندى ۋە ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ياشلار ھەرىكىتىدىكى تەسىرى 20 – ئەسىر، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر ئەسىر بولدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ بىر ئەسىر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي ۋەقەلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. مۇستەقىللىقىنى يوقاتتى. نۇرغۇن قېتىم قوزغالدى. قانچىلىغان ئىچكى ۋە تاشقى ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈردى. ئىككى قېتىم مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى، تەكرار يوقاتتى. نۇرغۇنلىغان سىياسىي كۈرەشلەرگە قاتناشتى. مىليونلارچە قىز – يىگىتلىرىمىز شېھىد بولدى. دەريا – دەريا قانلار ئاقتى. مىڭلارچە قەھرىمان پالۋانلار، يۈزلەرچە قوماندانلار، گېنېراللار، كۆپلىگەن سىياسىيون ۋە دۆلەت ئەربابلىرى يېتىشىپ چىقتى. |
![]()
|
|
✪ ئابدۇللاھ تالىپ |
|
|
ئىگەرلىك ئات بىپايان قۇم بارخانلىرى تەكتىدە كۆمۈلۈپ قېلىپ، نەچچە ئەۋلاد قوۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ يادىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان بىر چىن رېئاللىق ئۇزۇندىن بۇيان ئوي-خىياللىرىمنى غىدىقلاپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ئىشتىياق ئوتى قەلبىمدە تىنىمسىز يالقۇنجايتتى. ئۇنىڭ بەدىئىي تەسۋىرى ماڭا بىر يارقىن مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى بېغىشلىغانىدى. بۇ بەدىئىي ئەسەر ئەنە شۇنداق ھېسسىيات تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلدى... |
|
|
✪ ھاجى ياقۇب يۇسۇپى |
|
|
ئۆتكەن ئەسرنىڭ ئىككىنجى چارىكىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرى يەتتە شەھەر خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن (1877) كېيىن، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇميۈزلۈك قەتلىئام، قاماش، سۈرگۈن قىلىش، خەلقنىڭ مال ـ مۈلكىنى تالان ـ تاراج قىلىش ئىشلىرىنى ئامانسىز يۈرگۈزگەنىدى. قەيەردە زۇلۇم بولىدىغان بولسا ئۇ يەردە قارشىلىق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن شەرقىي توركىستان خەلقىدىمۇ خىتايغا قارشى، خىتاي شوۋىنىزمغا قارشى مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرى تۇغۇلدى. مىللەتچىلىك نېمە؟ مىللەتچىلىك ئىنسانلارنىڭ سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت ھېسلىرى بىلەن مىللىتىگە باغلىنىشىدۇر. مىللەتچىلىك مىللەتنىڭ تىلىغا، دىنىغا، ئەخلاقىغا، ماددى ـ مەنىۋى پۈتۈن كۈلتۈر قىممەتلىرىگە نىسبەتەن چوڭقۇر ئالاقە كۆرسىتىش، مىللىتىنى تەرەققى ئەتتۈرۈش، مىللەتنىڭ قۇدرىتىنى ئارتتۇرۇش، ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا تۈرلۈك پىداكارلىقلارنى ئەمەلىيەتتە كۆرستىش يولى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. |
![]()
|
|
|
|
|
|
User Online: بارلىق نەشر ھوقۇقى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىغا ئائىت All Rights Reserved Taklamakan Uyghur Publishing 2007 --- 2009 http://www.uyghurweb.net |
|
|