|
ئەخمەت ئىگەمبەردى - نىجادى
ھىجران دەردى
(تاللانغان شېئىرلار توپلىمى)
(1953 ـ 2004 ـ يىللار)
مۆھتەرەم كىتابخان!
ئۈرۈمچى 2 - دارىلمۇ ئەللىمىننىڭ «5 - » سنىپىدا ئوقۇپ، شېئىرىيەتكە مەپتۇن
بولۇپ، قولغا قەلەم ئېلىپ، سنىپنىڭ تام گېزىتلىرىگە 1 - شېئىرنى يازغان
ۋاقتىمدىن ھىساپلسام 50 يىلدىن ئۇشۇقراق ۋاقىت ئۆتۈپتۇ.
بۇ
يېرىم ئەسىرلىك ئۆمۈر ھاياتلىق دۇنياسى ئۈچۈن بىر نەپەسكە ئەرزىمىسىمۇ،
ئىنسانلار ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، چوڭ ئۆزگىرشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقنىڭ بەختىگە قارشى، 1949 - يىلىنىڭ ئاخىرى دىكتاتۇر ستالىن
بىلەن جاللات ماۋزېدۇڭلار ئوتتۇرىسىدىكى يەڭ ئىچىدە قىلىنغان سۈيىقەستلىك
«سىياسىي سودا» نىڭ كاساپىتى بىلەن يۈز مىڭلىغان قۇربانلارنى بېرىش
بەدىلىگە كەلگەن ۋەتەن مۇستەقىللىقى ئۆزىمىزنىڭ ئالدانغانلىقىمىزدىن كۆز
ئالدىمىزدا سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈكتەك غايىپ بولدى... نەتىجىدە پۈتۈن
تەقدىرىمىز ھەم ئستىقبالىمىز، ئەجدادلىرىمىز ھەم بىزنىڭ تارىخىي دۈشمىنىمىز
بولغان بېيجىڭلىق كوممۇنىست خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ قولىدا قېلىپ، ئۇيغۇر
خەلقى ئەلمىساقتىن تارتىپ كۆز كۆرۈپ، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان مىللى زۇلۇم،
خۇرلۇق، ئازاپ، دەرت - ئەلەملەر نەتىجىسىدە ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنىدە
ھوقۇقسىز قۇللارغا ئايلاندى. ئاتا - ئانىمىزنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرمەيمىز، دەپ
ئۆز يېزىلىرىدىن سىرتقا چىقمايدىغان ئۇيغۇرلار بۈگۈن زاماننىڭ زورلىقى
بىلەن تەڭرى ئاتاقىلغان شۇنچە كەڭ ۋەتىنىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر
بولۇپ، ھايات تەقەززاسى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تېرىقتەك
چېچىلىپ، ئىگىسىز مۇساپىرچىلىققا دۇچار بولۇپ، ۋەتەن غىمى، مىللەت دەردىدە
ھەسرەت چېكىپ، سۆيۈملىك ۋەتەن ئىشقىدا يىغلاپ - كىنەپ، تۈگىمەس ھىجران
دەردىنى تارتىۋاتىدۇ...
مەنمۇ ئۇيغۇر ئاتلىق جاپاكەش مىللەتىنىڭ بىر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتم بىلەن
سۆيۈملۈك ۋەتىنىم شەرقى تۈركىستان ۋە مىللىتىمىزنىڭ پىشانىسىغا قادالغان بۇ
قارا تەقدىر، زۇلمى مەينەتتىن خالىي ياشىشىم مۇمكىنمۇ؟ - ياق!-، ئەلۋەتتە.
پاك
قەلبىمگە ئاللاھ سالغان ۋەتەن سۆيگۈسى، مىللەت ئىشقى خەلقىم بىلەن مېنىمۇ
ھەرخىل كويلارغا سېلىپ، ھەر خىل تەقدىرى قىسمەتلەرگە گىرىپتار قىلدى.
باشقىلار قاتارىدا مېنىڭمۇ ھايات يولۇم مۈشكۈل ھەم جاپالىق بولدى...
مەن
ئۈرۈمچىدىن 60 - يىللارنىڭ بېشىدىلا ھەر خىل ناملار بىلەن سۈرگۈن قىلىنىپ،
ماناس، قومۇل، داۋانچىڭلارنىڭ يېزا ـ سەھرا، چۆل - جەزىرىلىرىدە ھاياتىم
بىر مەزگىل قاتتىق ئىسكەنجىدە ئۆتكەن بولسا، كېيىن تۈرمىلەرگە بەنت
قىلىنىپ، «قول يېتىم يەر ئارىسى» دا 10 - يىلدىن ئۇشۇق مىللتىم،
يىقىنلىرىمنىڭ دىدارىغا زار بولدۇم ۋە بۇ ئارىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئۈزۈپ
تاشلىنىپ، يېقىن ئادەملىرىم، قىممەتلىك نەرسىلىرىمدىن ئايرىلىپ قالدىم.
بىۋاپا پەلەك ئاخىرى مېنى سۆيۈملۈك ۋەتىنىمدىنمۇ ئايرىدى. مانا 20 يىلغا
يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئاۋىسترالىيەدە مۇساپىر بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتىمەن.
لېكىن قەلبىمدىكى ۋەتەن - خەلقىم ھەققىدىكى ئىشقى - مۇھەببەت يۈرەك
يارىلىرىمغا مەلھەم بولۇپ، مېنى ۋەتەن، خەلقىم ھەققىدە يېزىشقا ئۈندىدى.
مەن قاچان، قەيەردە، قانداق شەرائىتلار ئاستىدا بولۇشۇمدىن قەتئىينەزەر،
بىر ئامال قىلىپ يېزىشقا تۇتۇندۇم، لېكىن كۆپ يازالمىدىم.
بۇ
توپلامدىكى تۈرمىدىن سىرتتا يازغان شېئىرلىرىم زاماننىڭ قارغىشىغا ئۇچراپ،
ئون يىللاپ يەر ئاستىلىرىدا كۆمۈلۈپ ياتتى. تۈرمىدە ياتقان دەۋرلىرىمدە
قەلەم تۇتۇش جىنايەت ئۈستىگە جىنايەت ھېساپلاندى. لېكىن بىر ئىنساننىڭ
ۋەتەن - خەلقىگە بولغان سۆيگو - ساداقىتىنى ھېچقانداق بىر قارا كۈچ ھەر
قانداق ماكان، ھەر قانداق زاماندا بولمىسۇن تۇسالمايدۇ! 10 يىللىق تۈرمە
ھاياتىمدا ئازراقلا شارائىت بولىدىكەن، كىچىككنە قاراڭغۇ كامېرىدا كۈندە 3
- 4 سائەت ئايلىنىپ، چۆگىلەپ ماڭغىنىمدا ۋەتەن - خەلقىمنىڭ دەرت - ئەلەم،
ئازاپ - قايغۇ، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى بىر سۆز، بىر جۈملە قىلىپ كۈڭۈل
دەپتەرلىرىمگە يازاتتىم - دە، ئۇنى مىڭەمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا خاتىرە
قىلىپ ساقلايتتىم. يازغانلىرىمنى كۈندە باشتىن – ئاخىر يادىلاپ، يانا
يېزىپ، يانا يادىلاپ، ئاخىرى تۈرمىدىن 2000 مىسرالىق زىندان شېئىرلىرىمنى
ئېلىپ چىقالىدىم. قاتتىق ئېچىنىدىغىنىم، «تارىمدىن خەت» ناملىق داستانىمنى
تۈرمە دائىرىلىرى مۇسادىرە قىلىپ يوقاتتى.
بەختكە يارىشا، زىندان شېئىرلىرىم 1998 - يىلى تۈركىيە ئستانبۇلدا
«زىنداندىن ياڭرىغان ئوتلۇق سادالار » نامى بىلەن «تەكلىمان ئۇيغۇر
نەشىرىياتى » تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ، جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
قولىڭىزدىكى بۇ توپلامغا مېنىڭ 1953 - يىلىدىن بۇيان يازغان شېئىرى
ئەسەرلىرىمنىڭ تاللانمىلىرى كىر گۈزۈلدى.
بۇ
كىتابقا مىللىتىمىزنىڭ تارتىۋاتقان ئازاپ - قايغۇ، ئەلەم - ھەسرەت، ئاھۇ
پىغان دەرتلىك ھىجرانلىرى ئاساسى مەزمۇن بولۇپ كىردى. شۇڭا، قولىڭىزدىكى
مەزكوركىتابىمغا «ھىجران دەردى» دەپ ئات قويغىنىم شۇ بائستىندۇر.
بىزنىڭ ئارزۇ ئارمان، تەسەۋۋۇرلىرىمىزدىن مۇستەسنا، ئاتا - بوۋىلىرىمىز،
بىزمۇ ئويلىنىپ باقمىغان دەھشەتلىك جاھالەتلىك دەۋرلەرنى بېشىمىزدىن
كەچۈرمەكتىمىز. بۇ بىر ھەقىقەت. ئەمدى ئۆز نۆۋىتىدە، بىزنىڭ
تەسەۋۋۇرىمىزدىن سىرت، يانا بۇ زۇلۇم - سىتەم، قايغۇ - ئازاپلىق كۈنلەرگە
خاتىمە بېرىلىپ، سۆيۈملۈك ۋەتىنمىز - شەرقي تۈركىستاندا سائادەت تاڭلىرىنىڭ
پارلىشىغا قەتئى ئىشنىمىز. دۇنيانىڭ ئىگىسى بار... ھاياتلىق دۇنياسى -
ئۈمىد - ئشەنچنىڭ تۈگىمەس كانىدۇر. ھىجراننىڭ چوقۇم ۋىسالى بولىدۇ.
ئىنشا ئاللاھ غالىپ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ پات يېقىندا «ۋىسال كىتابى»نى ئەڭ
گۈزەل بەختۇ ئىقبال غەزەللىرى ھەم خوشاللىق تەنتەنە - مەدھىيە قەسىدىلىرى
بىلەن تولدۇرۇپ چىقىشىغا ئشەنچىم كامىل.
ئاخىرىدا كىتابنى چىقىرىشقا خىزمىتى تەككەن ۋە نەشىر قىلىشقا ماددى
ياردەمدە بولغان بارلىق يولداشلارغا ئالاھىدە رەھمەتلىرىمنى ئىزھار
قىلىمەن.
ۋەتىنىم ئىشقىدا يانغان بىر شاممەن،
جىسمىدا جۇش ئۇرغان بىر تامچە قانمەن.
خىزمىتىم تەگدىمۇ، بىلمەيمەن لېكىن،
ۋەتەننىڭ گاداسى - بىر خەستە جانمەن.
ھۆرمەت بىلەن: ئەخمەت ئىگەمبەردى - نىجادى
2004 - يىلى 15 - ماي
لىۋېرپول ـ سيېدنىي ـ ئاۋستىرالىيە
ئاتاقلىق شائىرىمىز ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ «ھىجران دەردى» ناملىق شېئىر ۋە
داستانلار كىتابى ھەققىدە بىر ـ ئىككى ئىغىز سۆز
پرفېسسور، دوكتور سۇلتان ماخمۇت كاشغەرى
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەۋلادى، ئاتاقلىق سىياسىيۇن، كۆزگە
كۆرۈنگەن ژورنالىست ۋە مەشھۇر شائىرىمىز ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ «ھىجران
دەردى» ناملىق يېڭى نەشىر قىلىنغان شېئىرلار، داستانلار توپلىمى كىتابى
مانا بۈگۈن خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
پىشىقەدەم شائىرىمىز خەلقىمىزگە بېغىشلىغان بۇ قىممەتلىك مەنىۋى سوۋغىسى
بىلەن بىزنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى. بىزگە ھاياجان ۋە كۈچ ـ قۇۋۋەت
بېغىشلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شائىرىمىزنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز.
شائىرىمىزنىڭ 1953- يىلىدىن 2004 - يىلىغا قەدەر يازغان بىر قىسىم مۇھىم
شېئىر ۋە داستانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كىتابى 2005 - يىلى 6 - ئايدا
قازاقستاننىڭ ئالمۇتادىكى «تاش مىر ـ بىزنىڭ دۇنيا» نەشرىياتى تەرىپىدىن
ئامېرىكىدىكى خەلقئارا پەن ـ مائارىپ، سەنئەت، سانائەت ئاكادىمىيىسىنىڭ
ئاكادىمىكى «نوبىل مۇكاپاتىغا 100 يىل» ئالتۇن مىدالىيەسىنىڭ ساھىبى
ئاتاقلىق شائىرىمىز، مەرھۇم دولقۇن ياسىننىڭ مۇھەررىرلىكى ئاستىدا كىرىل
ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان ئىدى.
بۈگۈن بۇ كىتاپ «ھىجران دەردى» ماۋزۇسى ئاستىدا ھازىر شەرقىي تۈركىستان
خەلقى قوللىنىۋاتقان ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن نەشىر
قىلىندى.
شېئىر شائىرنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتلىرىنىڭ، قىسمەتلىرىنىڭ، كۈچلۈك
ساداسى ۋە ئۆزلىگىدىن ئىقىپ چىققان كۈچلۈك ھېس ـ تۇيغۇلارنىڭ جانلىق
مۇزىكىسى ھەمدە تەرجىمىھالى.
پىشىقەدەم شائىرىمىزنىڭ ھاياتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىڭلىغان ۋە ئون
مىڭلىغان ئىنقىلابى مۇنەۋۋەرلىرى دۇچ كەلگەن پاجىئەلىك ھاياتنىڭ بىر تىپىك
ئۈلگىسى.
خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال
قىلىپ ئالغان 55 يىلدىن بىرى خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلمەتلىك
پاجىئەلىك تەقدىرى كۆپلىگەن مىللىي مۇنەۋۋەرلىرىمىزنىڭ ۋەتەن ئازاتلىقى
يولىدا شەھىد بولىشىغا، يۈز مىڭلاپ قەھرىمان شەرقىي تۈركىستان
ئەۋلادلىرىنىڭ، خىتاي زىندانلىرىدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدا
جەھەننەم ئازابىغا دۇچار بولىشىغا، مىڭلىغان ۋەتەنپەرۋەر
ئىنقىلابچىلىرىمىزنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشىگە
سەۋەب بولدى. بۇ ئىغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېينكى ئىككى خىلىنى ئەخمەت
ئىگەمبەردى ھەم بېشىدىن كەچۈردى. ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى
ئۆزىنىڭ ۋىجدانى بۇرچى دەپ بىلگەن ئەخمەت ئىگەمبەردى كوممۇنىست خىتاي
ھاكىمىيىتىنىڭ زىندانلىرىدا ئون يىللاپ ياتتى. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش
جازالاش لاگىرلىرىدا يىللاپ ئازاپ ـ ئۇقۇبەت كۆردى ۋە 80 - يىللارنىڭ
ئىككىنچى يېرىمىدا سۆيۈملۈك ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ يىراق ئاۋۇستىرالىيەگە
چىقىپ كېتىپ يەرلىشىپ قالدى ۋە ئۇ يەرگە چىقىپ يەرلەشكەندىن كېيىن،
خاتىرجەم ھاياتقا مەست بولۇپ ياشىماستىن، يەنىلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ
ئازاتلىقى ۋە ھۆرلىكى يولىدىكى كۈرىشىنى توختاتماي داۋام قىلدۇردى ۋە بۇنىڭ
جانلىق بايراقدارلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.
شائىرىمىز ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننى ۋە شەرقىي تۈركىستان
خەلقىنى بىر مىنۇتمۇ يادىدىن چىقىرىپ قويمىدى، ئولتۇرسا ـ قوپسا ئانا
ۋەتىنى ۋە ئۇنىڭ تەقدىرىنى چۈشەندى، يۈرىكى ئۇنىڭ ئىشقى ـ پىراقىدا ياندى.
«ھىجران دەردى» شائىرىمىز ئەخمەت ئىگەمبەردى ـ نىجادىنىڭ ئەنە شۇ روھىي
سەزگۈەزشتىلىرىنىڭ بەدىئى ئىنكاسى ۋە ئوبرازلىق ئىپادىسىدۇر.
ئۇنىڭ 1957 - يىلى 25 - ئاۋغۇستتا ۋەتەندىن ئايرىلىپ تاشكەنتىكە ئوقۇشقا
كېتىۋىتىپ قازاقىستاننىڭ يەركەنت شەھىرىدە يازغان «يوللار، يوللار»
شېئىرىدا ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ كۈچلۈك ئىدىيىسىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.
شائىر بۇ شېئىرلىرىدا مۇنداق مىسرالارنى تىزىدۇ:
يوللار، يوللار سۆيگەن ئېلىمىدىن،
ئايرىۋەتتىڭ مېنى ئۇزاققا.
بىراق نامى چۈشمەس تىلىمدىن،
يۈرەك يانار ئىشقى پىراقتا.
شائىر 1957 - يىلى ئۆكتەبىردە يازغان «سىنىغاندا» ناملىق شېئىرىدا ئۆز
ۋەتىنىگە بولغان ئىشقى ـ مۇھەببىتى ۋە ھىجران دەردىنى ناھايىتى جانلىق
ئىپادىلەيدۇ:
كېچە
كۆرۈدۈم سېنى چۈشۈمدە،
ھېسياتلىرىم بىر سەندە مېھمان.
ئولتۇرىمەن ئىھ سېنىڭ ئىشقىڭ،
خىيالىمنى ئەسىر قىلىپ جانان.
كۆز
ئۆڭۈمدىن كەتمەيدۇ قەددىڭ،
ئەسلەيمەن مەن تويماي ھۈسنۈڭگە،
قەلبىم ـ ئاسمان سېنىڭ ھىجرانىڭ،
يۇلتۇز بولۇپ يانار كۆكسۈمدە....
شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ دەسلەپكى چاغلاردا يازغان شېئىرلىرىنڭ مۇھىم
بىر قىسمىنى تەبىئەت ۋە ئىنتم لىرىكا تەشكىل قىلىدۇ، شائىر ئۆزىنىڭ ھايات
سەزگۈزەشلىرىنىڭ تەقەززاسى نەتىجىسىدە تەبىئەت ۋەئىنتىم لىرىكىلىق شېئىرلار
يېزىشقا قارىغاندا ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ سىياسى تەقدىرىگە ئالاقىدار
سىياسى لىرىك شېئىرلار يېزىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئۇرۇنغا قويدى.
شائىر ئەخمەت ئىگەمبەرنىڭ «ھىجران دەردى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ
ئىچىدىكى بىر تۈركۈم شېئىرلار شائىرنىڭ 70 - يىللاردا كوممۇنىست خىتاي
مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قاراڭغۇ زىندان ۋە تۈرمىلىرىدە يازغان شېئىرلىرىدىن
ئىبارەت. شائىر ئۆزىنىڭ تۈرمىلەردە تارتقان جىسمانى ۋە رۇھىي ئازابلىرىنى،
ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق مىڭلىغان ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر
ۋەتەنپەرۋەرلىرىنىڭ ئازاتلىق، ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ
بارلىقىنى بېغىشلاشتىن ئىبارەت كۈرىشىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. بۇ شېئىرلاردا
رۇھىي چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە چىدام ـ غەيرەت
ۋە كۈچلۈك ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇلىرى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇ.
شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زىندانلىرىغا
تاشلانغان ئانا ۋەتىنىنىڭ ماۋى ئاسمانلىرىنى، ئۇنىڭ دەشت، دالالىرىنى،
شەھەر ـ يېزىلىرىنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قىلىنغان چاغلاردا «ھىجران دەردى»
ناملىق شېئىرىنى يېزىپ ئۆزىنىڭ ئازاتلىق، ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىقىنى
ئىپادىلىدى.
شائىر:
ئۆتەر يىللار گۈلۈم يىراقتا،
غۇنچىلىرىم تۆكەر دەرت ـ پىغان.
قارا
كۈنۈم خورلۇق ئازاپتا،
مەن
زىنداندا ياتىمەن ھامان.
دەپ
زۇلمەتلىك جاھانغا لەنەت ياغدۇردى.
تالانتلىق شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى 1978 - يىلى يازغان «قانداق قىلاي
بەختىم قارا» دېگەن شېئىرىدا ۋەتەن ئازاتلىقى يولىدىكى كۈرىشى جەريانىدا
بېشىدىن كەچۈرگەن پاجىئەلىك كۈنلىرىنى ۋە قىسمەتلىرىنى شۇ مىسرالاردا
ئىپادىلىدى:
قانداق قىلاي بەختىم قارا،
قالدى يىغلاپ خۇتۇن ـ بالا.
كۆزنى يۇمدى زارلاپ ئانا،
يوللىرىمغا قارا ـ قارا.
شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قولغا ئىلىنغاندا
ئىككى نارىسىدە پەرزەنتى يىغلاپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ مىھىرىبان ئانىسى
«بالام تۈرمىدىن قاچان چىقار» دەپ يوللىرىغا قاراپ، تولا يىغلاپ دەرت ـ
ئەلەم ۋە ھىجران ئازابىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.
تالانتلىق ۋە ئۇمىدۋار شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى ۋەتىنىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن
بۇ ئىغىر پاجىئەلەر ئالدىدا كۈرەش ئىرادىسىنى يوقىتىپ قويمىدى. ئەكسىچە
كۈرەش ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچەيدىكى ۋەتەننىڭ كېلەچەك ئىستىقبالىقا بولغان
ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى.
قانداق قىلاي بەختىم قارا،
زۇلمەت كۆكتە يۇلتۇز يانار.
كېچە
ئۇزۇن بولسۇن سىياھ،
تۈن
كەينىدىن تاڭلار ئاتار!
ھەقىقى شائىر بولماق ئوڭاي ئەمەس، ھەقىقى شائىر دېمەك كېلەچەكنى كۆرۈشنى
بىلمەك دېمەكتۇر. ھەقىقى شائىر دېمەك كەلگۈسىنىڭ توغرا خەۋەرچىسى بولۇش
دېمەكتۇر. ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەنە شۇنداق ئۇزاقنى كۆرەلەيدىغان كۆرۈش
ئۇپىقى كەڭ بىر شائىر ھەم ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابچىدۇر.
شائىر ۋە سىياسىيۇن ئەخمەت ئىگەمبەردى بىلەن مەن 1953 - يىلى شەرقىي
تۈركىستان دارىلفۇنۇنىنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىغا ئوقۇغۇچى بولۇپ
قوبۇل قىلىنغان تارىختا تۇنۇشقان ئىدىم. ئۇنىڭ بىلەن ئەينى سىنىپتا بىللە
ئوقۇش جەريانىدا سىنىپداش يىقىن دوستلاردىن بولۇپ كەتكەن ئىدۇق. ئۇنىڭ ئاق
كۆڭۈللۈكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك رۇھىي، بىزنى سەمىمى دۇستلارغا ئايلاندۇرىۋەتكەن
ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇقىمىزنىڭ باشلىنىشى ۋە داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا
بۈگۈن توپ ـ توغرا 52 يىل بولۇپ قالدى. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن
بۇيان مۇناسىۋەتلىرىمىز سەمىمى ھالدا داۋاملىشىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە.
شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى ئۆزىنىڭ ئىجادى ھاياتىدا 350 دىن ئارتۇق شېئىر،
غەزەل، ئونلاپ باللادا، داستان، يۈزلىگەن ئىلمى ۋە سىياسىي پۇبلستىك
ماقالىلارنى يېزىپ ۋەتىمىزنىڭ ئازاتلىق كۈرىشىگە مۇھىم ھەسسىلەر قوشتى.
ئۇنىڭ شېئىرلىرى ۋە ماقالىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسى ۋە
ئىستقبال كۈرشىمىزنىڭ جەڭگىۋار مارشىدۇر.
شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ 1998 - يىلى ئىستانبۇلدا «زىنداندىن ياڭرىغان
ئوتلۇق سادالار» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2000 - يىلى ئىستانبولدا نەشىر
قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسنىڭ قانلىق يارىسى» ناملىق
ماقالىلار توپلىمى، 2004 - يىلى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ھەققىدىكى مۇھىم
ماقالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «شەرقىي تۈركىستان ۋەتىنىم مېنىڭ» ناملىق
كىتابلىرى نەشىر قىلىنىپ خەلقىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئەخمەت ئىگەمبەردى بۈگۈن يالغۇز تالانتلىق شائىر بولۇپلا قالماي شەرقىي
تۈركىستان خەلقى ئىچىدىن چىققان مەشھۇر سىياسى رەھبەر، مەشھۇر يېتەكچى
بولۇپ قالدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئازاتلىق كۈرىشىدە ھەر
زامان ئالدىنقى سەپتىن ئۇرۇن ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئاۋىستىرالىيەدە تۈركىستان
جەمئىيىتى تەشكىللەپ ۋەتەن ئازاتلىقى ئۈچۈن كۈرەش ئېلىپ باردى.
1992
- يىلى 12 - ئايدا ئىستانبولدا چاقىرىلغان تۇنجى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان
مىللىي قۇرۇلتىيىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ قۇرۇلتاي تەرىپىدىن تەسس قىلىنغان
مىللىي كېڭىشىنىڭ رەئىسىلىكىگە سايلاندى.
1998
- يىلى ئىستانبولدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزىنى قۇرۇش
پائالىيىتىگە قاتنىشىپ مەركەزنىڭ دائىمى ئىجرا ھەيىتى ئىچىدە يەر ئالدى.
1999
- يىلى 10 - ئايلاردا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي
تۈركىستان (ئۇيغۇرستان) مىللىي كۈنگىرىسنىڭ 2 ـ قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا
قاتنىشىپ ۋە مۇھىم نۇتۇق سۆزلەپ قۇرۇلتاينىڭ دائىمى ھەيئىتىگە سايلاندى.
2001
- يىل ئۆكتەبىردە بىلگىيەنىڭ پايتەختى بروكىسېلدىكى ياۋرۇپا پارلامىنتىدا
ئۆتكۈزۈلگەن «50 يىلدىن بىرى كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى
شەرقىي تۈركىستان ناملىق كونفرانسىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرستان)
مىللىي كونگىرسىنىڭ 3 ـ قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا ئاكىتىپ قاتنىشىپ ۋە نۇتۇق
سۆزلەپ، قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتىشىگە چوڭ ھەسسە قوشتى.
2001
- يىل 11 - ئايدا شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي كونگىرىسى سىياسى
مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.
2004
- يىلى 12 - نويابىردا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا
چاقىرىلغان «سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى»نى تەسىس
قىلىش يىغىنىدا كۆپچىلىك تەرىپىدىن «سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان
جۇمھۇرىيىتى»نىڭ جۇمھۇر رەئىسلىكىگە سايلاندى، ھازىرغىچە بۇ شەرەپلىك
ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئادا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي
مۇستەقىللىق كۈرىشىگە بايراقدارلىق قىلىشتىن ئىبارەت تارىخى رولىنى جارى
قىلىشقا تىرىشماقتا.
بىز
ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىنقىلابى كۈرەش پائالىيەتلىرىگە، ئەدەبى، ئىلمى
ئىجادىيەتلىرىگە تېخىمۇ زور مۇۋەپپىقىيەتلەر، تىنىگە ساغلىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر
تىلەيمىز.
2005
- يىل 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى (ئىستانبول)
ھىجران كۆيچىسى
شېئىر ― شائىرنىڭ مەنىۋىي تەرجىمىھالى. بۇ تەبىرنى بىز ئەخمەت
ئىگەمبەردىنىڭ «ھىجران دەردى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئوقۇپ چىقىش
جەريانىدا يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇق. بۇ توپلامدا ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى
دېگۈدەك ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، يىراق ـ يىراق يۇرتلاردا ياشىغان شائىرنىڭ
ھەسرەت نىداسى، مۇڭ ـ قايغۇسى جۇش ئۇرۇپ تۇرىدۇ.
تەقدىر ئەخمەت ئىگەمبەردىنى ئېغىر قىسمەتلەر سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، يىراق
ئاۋستىرالىيەگە ئېلىپ كەتتى. ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خوشنا
ئەللەرگە چىقىپ، قانداش، تىلداش، دىنداش قېرىنداشلىرىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى
ئاتقان، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا، ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ بېشىدىن
كەچۈرگەن سەرگۈزەشتلىرى ئېغىر، ئەلۋەتتە...
«ھىجران دەردى» ئەنە شۇر رۇھى سەرگۈزەشتىلەرنىڭ بەدىئىي ئىنكاسى. بىر
ھەيران قالىدىغان يېرى، ئەخمەت ئىگەمبەردى ئاۋستىرالىيەگە كەتمىگەن چاغدا
يازغان شېئىرلىرىدىمۇ، بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىدىكى ئەسەرلىرىدىمۇ قانداقتۇ
بىر مەيۈسلىك، ساددا ھېس ـ تۇيغۇلار مۇجەسسەم ئىدى. (1957 ـ 1961) يازغان
شېئىرلىرىدا ئەنە شۇ ئەھۋالنى ئېنىق كۆرىمىز.
ئۇ
يىللىرى بىز ۋەتەندىن دەستلەپ قېتىم ئايرىلىپ، تاشكەنتتە ئوقۇۋاتقان ئىدۇق،
كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن يەنى 61 ــ 62 ـ يىللاردا ئەخمەت
ئىگەمبەردىنىڭ ئىجادىيىتىدە بەدىئىي ۋە روھى جەھەتتىن ئۆزگىرىش ـ يۈكسېلىش
بايقىلىشىقا باشلىدى. ئۇ كۆپ يازمىغان بولسىمۇ، ئاز لېكىن ساز ئەسەرلەرنى
يازدى.
تەبىئەت ۋە ئىنتىم لېرىكا ياش شائىرنىڭ ئىجادىيىتىدە يېتەكچى ئورۇننى
ئىگەللىدى. ئەنە شۇ ماۋزۇلار ئەتراپىدا ئىجادىيەت دائىرىسى كىڭىيىپ
بېرىۋەردى.
ئىنسان شائىر ئۈچۈن ئۇلۇغ ماۋزۇغا، شېئىرىيەتنىڭ مۇقەددەس ئۆلچىمىگە
ئايلاندى.
ئەخمەت ئىگەمبەردى بۇيرۇتما ئەدەبىياتتىن، مەدھىيە شېئىرلىرىدىن، شۆھرەت
ئالدامچىلىقىدىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالىغان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭ
ئەسەرلىرىدە خەلقىمىز تەقدىرى، ھايات كەچۈرمىشلىرى ئاساسىي ئورۇننى
ئىگەللەيدۇ.
ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ قولىڭىزدىكى ئۇشبۇ توپلىمىنى ئوقۇپ چىقىش جەريانىدا
ئۇنىڭ 70 ـ يىللاردا ماۋچىلار تۈرمىلىرىدە يازغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرىغا
دۇچ كېلىسىىز. بالىلىق ساددىلىقى، مەيۈسلىك ۋە ساكىنلىقى بىردىن جىددىي
جاۋابكار تۇيغۇلارغا ئورۇن بەرگەن بۇ شىئىرلاردا شائىرنىڭ ئۆزىنىڭ
تۈرمىلەردە تارتقان جىسمانىي ۋە رۇھى ئازابلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق
مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ رۇھى ھالىتىنى ئىپادە قىلىدۇ.
بۇ
شېئىرلاردا چىدام ۋە ماتانەت، غەيرەت ۋە ئۈمىد تۇيغۇلىرى ھۆكۈمران،
ئېھتىمال ئەنە شۇنداق تۇيغۇلارنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئەخمەت
ئىگەمبەردىنىڭ شەخسىي سۈپىتىدە شەكىللىنىشكە ئاساس بولغان بولۇشى مۇمكىن.
ئاسارەت ئىچىدە نۇرغا ئىنتىلىش، قەپەز ئىچىدىن ئەركىنلىككە تەلپۈنۈش،
ناھەقسىزلىق ئىچىدىن ھەقىقەتنى ئىزدەش تۇيغۇلىرى شائىرنىڭ تۈرمىلەردىن
ئوتلۇق سادالارنى ياڭرىتىشقا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يۆنىلىش بەخش ئەتكەنلىكى
ئېنىق.
«ھىجران دەردى» دە پەقەتلا دەرت ـ ھەسرەتلا ئەمەس، دوستلۇق شادلىقى، ھايات
خوشاللىقى ئىپادە قىلىنىدىغان شېئىرلارمۇ ئاز ئەمەس. شائىردا ھاياتقا
نىسبەتەن بۈيۈك بىر مۇھەببەت بار. شۇڭلاشقا ئەڭ ئېغىر چاغلاردىمۇ ئۇ خۇشال
بولۇشنى، ھاياتتىن بەھرى ئېلىشنى بىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ
ئىجادىيىتىنى ھەر تەرەپتىن تولۇقلايدۇ. مۇڭ بىلەن خوشاللىق، ئازاب بىلەن
راھەت، دەرت بىلەن بەخت ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن مۇنداق ئەسەرلەردە
پوئىزىيەنىڭ ئۆزىگە خاس جەلبكار بەدىئىي كۈچ ـ قۇدرىتى نامايان.
ئەخمەت ئىگەمبەردى دوستلارغا سادىق، مېھرىبان ئىنسان. مەن ئۇنىڭ بىلەن 1953
ـ يىلىدىن تارتىپ سىرداش، مۇڭداش، دوستمەن، شۇ تۈپەيلى شائىرنىڭ شېئىرىنى
ئوقۇپ ئۇنىڭ ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم...
تۈنۈگۈنلا بالىلىق پەيزىنى سۈرۈپ يۈرگەن بويى ئېگىز، بۈدرە چاچلىق بۇ
يىگىتنىڭ 70 داۋاننىڭ بۇسۇغۇسىغا كېلىپ قالغانلىقىغا ھەيران بولدۇم.
ھايات دېگەن شۇنداق ئىكەن... ئارقىدا تۈزلەڭ دالىلارنى، ئىدىر ـ قىرلارنى
قالدۇرۇپ، ئېگىز چۇققىلارغا يامىشىدىغان ھايات بىزنى ئۆزىمىزگە مەنسۇپ
چۇققىلاردىن بېسىپ ئۆتكەن يوللارغا نەزەر تاشلاشقا دەۋەت قىلىدىكەن.
ھاياتتا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز چوققىسى بار. ھەر بىر ئادەم ئارقىدا قالغان
چەكسىزلىككە شۇ چوققىدىن نەزەر تاشلايدۇ. پەقەت كىچىكىدىن دوستلۇق رىشتى
مۇستەھكەم باغلانغان، ئىسسىق ـ سوغۇقلارنى بىللە كەچۈرگەن كىشىلەرلا
ھاياتنىڭ شۇ يوللىرىغا بىر چوققىدىن نەزەر تاشلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە
ئىكەن. بىز ئەنە شۇنداق دوستلاردىن ئىدۇق... 1953 ـ يىلىدىن 1956 ـ
يىلىغىچە ئۈرۈمچى ئىنستىتۇتىدا، ئۇندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسيا دۆلەت
ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ژورنالىستىكا فاكولتېتىنى بىللە تۈگەتتۇق. 1961 ـ يىلىدىن
1963 ـ يىلى «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش» ئۈچۈن ئىككىمىزنى قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ
يېزىلىرىغا سۈرگۈن قىلدى. بۇ جەرياندا بىزنىڭ دوستلىقىمىز چىن مەنادا
مۇستەھكەملىنىپ بېرىۋەردى. بىز بىر ـ بىرىمىزنى ياخشى چۈشىنىدىغان
دوستلارغا ئايلاندۇق. ئىجادىيىتىمىز بىر ـ بىرىدىن قۇۋۋەت ئېلىپ راۋاجلىنىپ
بېرىۋەردى.
ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ پائالىيەت دائىرىسى پەقەت شېئىرىيەت بىلەنلا چەكلىنىپ
قالمىدى. ئۇ خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى، ۋەتىنىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە
ئايرىم ـ ئايرىم ماقالىلارنى يېزىپ، كىتابلار نەشر قىلدۇردى. خەلقئارا
يىغىنلاردا شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ ئەمەلىي
ئىشلارنىمۇ قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە، بىر ئادەم ئۈچۈن ئاسان ئىش ئەمەس. مەن
قىسقىغىنە بۇ ماقالەمدە شائىر ۋە پوبلىست ئەخمەت ئىگەمبەردى ئىجادىيىتى
ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىدىم، پەقەت ئۇنىڭ «ھىجران دەردى» توپلىمى ھەققىدە
ئۆز تەسىراتىم ئۈستىدىلا توختالدىم. دوستۇم ھاياتىغا دائىر ئايرىم
ئېپىزوتلارنى ئەسلەپ ئۆتتۈم. ئويلايمەنكى، كېلەچەكتە شائىرنىڭ ئەسەرلىرى
ھەققىدە تېخىمۇ تولۇق ۋە چوڭقۇر تەپسىلىي مۇلاھىزىلەر بولۇشى چوقۇم. مەزكۇر
كىتابنىڭ قازاقىستاندىكى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ تەرىپىدىن قىزغىن
كۈتۈۋېلىنىشىغا ئىشەنچىم كامىل.
دولقۇن ياسىن
ئامېرىكىدىكى خەلقارا پەن، مائارىپ، سەنئەت، سانائەت ئاكادېمىيەسىنىڭ
ئاكادىمىكى، نوبېل مۇكاپاتىغا يۈز يىل ئالتۇن مېدالىنىڭ ساھىبى، قازاقىستان
يازغۇچىلار ئىتتىپاقى «ئىلياس جانسۇگۇرۇ» مۇكاپاتىنىڭ لاۋرىئاتى ۋە بىرىنچى
دەرىجىلىك «ئىلھام» مۇكاپاتىنىڭ لاۋرىئاتى.
2005
ـ يىلى، 15 ـ مارت، ئالمۇتا
ئىنقىلابچى، داھى ۋە شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى
سىدىق ھاجى روزى
پۇرسەت شەخس ئۈچۈن ئېىيتقاندا ھامان شۇ شەخسنىڭ ئىختىيارىدا بولىدۇ، ئەمما
پۇرسەت بىر مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا كېچىكىپ كېلىشى مۇمكىن ياكى بالدۇر
كېلىشى مۇمكىن ياكى ۋاقتىدا كېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇيەردە مەسىلە ۋاقىتنڭ ياكى
پۇرسەتنىڭ قانداق خارەكتېردە كەلگەنلىكىنى چۈشىنشىكە باغلىق بولىدۇ. چۈنكى
بىرمىللەت ئۆزىنىڭ پايدىسىغا يېتپ كېلىۋاتقان پۇرسەتنىڭ ۋاقتىدا يېتىپ
كەلگەنلىكىنى، كېچىكىپ كەلگەنلىكىنى، ياكى بالدۇر يېتىپ كەلگەنلىكىنى
پەملەپ كېتەلىشى ناتايىن. پۇرسەتنىڭ قانداق شەكىلدە يېتىپ كەلگەنلىكىنى
چۈشىنىش بىرئادەمگە ئەمەس، بەلكى مىللەت كوللىكتىپىنىڭ چۈشىنىشىگە باغلق
بولىدۇ - دە! بۇ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب دەۋرى ئەمەسمۇ؟ ئەپسۇسكى، ئاللاھ
سىياسىي سەزگۈرلۈكنى ھەممە ئادەمگە تەڭ ئۆلەشتۈرۈپ بەرمىگەنغو؟! پۇرسەتنىڭ
دائىمى دېگۈدەك شەخسنىڭ تىزگىنلىشىدە بولۇشى بۇ ئەمەلىيەتتە ۋاقىتنىڭ شۇ
شەخسنىڭ ئىختىيارىدا بولۇشى دېگەنلىكتۇر. بۇ پۇرسەت ئىچدە بۇ ئادەم نېمە
ئىش قىلشى كېرەك؟ كۆڭلىگە قانداق مۇددىئا - مەقسەتلەرنى پۈككەن ئادەم –
بۇ؟! ماددىي پاراۋانلىقنى تۇرمۇشتن ئىزلىگەن ئادەممۇ ياكى تۇرمۇش
مەئىشەتلىرىنى ھاياتنڭ مەقسەت نىشانى قىلغانمۇ ياكى خاتىرجەملىكنى كۈرەشتىن
ئىزلىمەي، دۇئا - تىلاۋەتنى ۋاسىتە قىلىپ، ئۆزىنڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈلسىزلىكنى
چىللاپ كەلگەنمۇ؟ بۇ ئادەم زادى قانداق ئادەم؟ بۇ ئادەم دۇنياغا نېمە ئۈچۈن
كەلگەن ۋە دۇنيادىن نېمە ئۈچۈن كېتدىغانلىقىنى قانداق چۈشەنگەن؟ ھايات...
مامات - دەپلا ئاددىيلا چۈشەنگەنمۇ؟ ئاخىرەتنىڭ جەننىتىنى ئويلاپ، پانى
دۇنيانىڭ راھەت - پاراغەتلىرىدىن تەركى - بىزار بولغانمۇ؟ شۇ ئادەم شۇنداق
ئويلىغاندا ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتنڭ زادى قانداق مۇھىت ئىكەنلىكىنى
قانچىلىك چۈشەنگەن؟!
قېرىندىشىم! سىز ياشاۋاتقان تۇرمۇشنىڭ قۇرۇلمىسىدا سز ئېرىشەلەيدىغان
ماددىي پاراۋانلىقمۇ يوق، سىز ياشاۋاتقان تۇرمۇشنىڭ قۇرۇلمىسدا
خاتىرجەملىكمۇ يوق. دۇئا قىلىسىز، خۇدادىن نېمە تاما قىلىسز؟ جەننەت،
ئوھوي، قۇرئان كەرىمدە جەينىمازدا ئولتۇرۇپ جەننەت تىلىگەن ئادەمگە، خۇدا،
جەننەت بېرىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئەمەسقو! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «جەننەت
قىلىچنىڭ سايىسىدا» دېگەن ئەمەسمىدى؟! شۇ ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىپ
ئۆزلەشتۈرگەن ئەخمەت ئىگەمبەردى ― ئىنقىلابچى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئىدى.
مۇبادا ۋەتىنى ئۇيغۇرىستان تىجمەل خىتايلارغا مۇستەملىكە بولۇپ قالمىغان
بولسا، بۇ ئادەمنڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسى يوق ئىدى، دېگىلى
بولاتتىمو؟ بۇ ئادەم بالا چېغىدىن باشلاپلا ئىنقىلابچى بولۇپ يېتىشىپ
چىققان ئادەم ئىدى. شۇڭا زامان ئەخمەت ئىگەمبەردىگە ئىنقىلابچى بولۇپ،
يېتىشىپ چىقىشنىڭ پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرگەن، بەلكى، توقۇنۇش ئىچدىكى
جەمئىيەت ئەخمەت ئىگەمبەردىگە بىر ۋەتەنپەرۋەرنىڭ تەربىيىلىنىش پۇرسىتىنى
يارىتىپ بەردى.
شورا
ئاتلاپ ئوغرىلىققا چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتكەن ئاكا- ئىنىسىنى شەپى كەلتۈرۈپ «داھى»
بولۇشنى تاما قىلدىغان پۇرسەت پەرەستلەرنىڭ تامام ئەكسىچە، ئەخمەت
ئىگەمبەردى تۇغۇلغاندىن تاكى ھازىرغىچە ئادەم بولۇشنىڭ پۇرسىتىنى ئۆزىنىڭ
ئىختىيارىغا ئالدى.
بۇ
ئادەم كەلگۈسى ئىنقىلابچى ئەخمەت ئىگەمبەردى 1937 - يىلى ئۇيغۇرىستاننىڭ
جىمسار ناھىيىسىدە ئالەمگە كۆز ئاچتى. ئانىسى، ئەلۋەتتە، ۋەتەن ئۇنىڭ
ئاغزىغا ئۇغۇز سۈتىنى تېمىتتى. تەئەججۇپكى، بۇ كەلگۈسىنىڭ ئىنقىلابچىسى
كۆزىنى ئېچىپلا تەڭسىز بىر جاھاننى كۆردى. تەڭسىزلىككە قارشى شىمالى
ئۇيغۇرىستاندا سياسىي غولغۇلا... جەنۇبىي ئۇيغۇرىستاندا شىددەت بىلەن جەڭ
قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەركەكلەرنى كۆردى، بۇۋاق بىر سىلكىندى بولغاي...
ئاپرىلدا شىمالى ئۇيغۇرىستاندا سوغاق بولاتتى... بىر سەسكەندى بولغاي...
باشقىلار ئۇنىڭ ۋەتىنىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ۋەتىنىنىڭ ئىگىلىرى
ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقان ھىڭگاڭ چىش (ئۇيغۇرىستانغا دەسلەپ كىرگەندە
خىتاينىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھىڭگاڭ چىش ئىدى) خىتاي مەلئۇنلارنىڭ قىياپىتىدىن
سەسكەندى بولغاي... تەسىرلەندى بولغاي... ئۇيغۇرىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا
ئارىلىشىپ كەلكىندى خىتايلارغا بولۇشۇپ، جەنۇبى ئۇيغۇرىستاندا
قوزغىلاڭچىلارنى، قەشقەر ئۆلكىسىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە مۇستەقىل دۆلەت
قۇرۇغۇچسى ئۇيغۇرلارنى، ھەربىي چېكىنىش بىلەن ھىمىتنىڭ سېيىدا كېتىۋاتقان
بۇ دۆلەتنىڭ ئارمىيەسىنى، ھاۋادىن، يەردىن قىرغىن قىلىۋاتقان، شىمالى
قۇتۇبنىڭ ئاق ئېيىقى رۇسىيىلىك مۇژىكلاردىن ژىركەندى بولغاي!
يورۇق دۇنياغا ئەمدىلا كۆز ئاچقان بۇ «چوڭ ئادەم» بىر ئىسىمنى ― ئۇيغۇرنىڭ
ھازىرقى زامان قۇراللىق ئنىقىلابىنىڭ تارىخىنى ياراتقان، قۇراللىق
ئىنقىلابنىڭ ئاتامانى ئابدۇنىياز، دېگەن ئسىمنى تەكرارلايتتى.
ئىرادىنى قىلىچقا، قىلىچنى ئىرادىگە ئايلاندۇرغان ئابدۇنىياز شۇ يىللاردا
ھەم شېڭ شىسەينىڭ قۇراللىق كۈچلىرىگە ھەم رۇسىيىلىك مۇژىكلارىنىڭ قۇراللىق
كۈچلىرىگە قارشى جەڭ قىلغان قەھرىمان ئادەم ئىدى. مۇژىڭ ئەسكەرلەرنى
ئابدۇنىياز تارىم توغراقلىرىنىڭ شاخ - شاخلىرىغا ئېسىپ قوياتتى، قىلىچ
ئۇرۇپ بەدەنلىرىنى پارچىلايتتى... بۇۋاق بەختلىك ئىدى، ئابدۇنىياز قىلىچ
ئويناتقان دەۋرلەردە تۇغۇلدى... شۇڭا بۇۋاق بىر ئىسىمنى ئابدۇنىياز، -
دېگەن ئىسىمنى تەكرارلىدى... ئۇيقىنىڭ مۈگىدەك ئوۋچىسى بۇۋاقنىڭ
كىرپىكلىرىگە تور تارتتى... بۇۋاق ئاستا - ئاستا ئۇيقىغا كەتتى. كۆزلىرى
يۇمۇلدى... لېكىن ئۇنىڭ يۇمران ئىككى قولى مۇش بولۇپ تۈگۈلدى...
چۈشەكىدى... ئابدۇنىياز... قاراچىلان ئايغىرىغا مىنىدى... ئۇيغۇرىستان!
زېمىنى سىلكىندى!
كەلگۈسى ئىنقىلابچى ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ بالىلىق چاغلىرى، ئانىسىغا
ئەركىلەپ بەرگەنلىرى جىمساردا قالدى. 1956 - يىلى سابىق شىنجاڭ
ئېنىستىتوتىنىڭ ئەدەبىيات پاكولتىتىنى تاماملىغان ئەخمەت ئىگەمبەردى، 1957
- يىلى يەنە سابىق سوۋېتلەرنىڭ تاشكەنت شەھىرىگە ئوقۇشقا كەتتى. ياشلىقى
كۆككۆزلەر بىلەن قوي كۆزلەرنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئاخىرلاشتى.
قانغا ئارىلىشىپ تومۇرىدا ئېقىپ يۈرگەن ئىستەكلەر... مىللەت... ۋەتەن...
ئازادلىق، مۇستەقىللىق تۇيغۇلىرى ئاستا - ئاستا مەنىۋىي ئىچكى كۈرەش
ئارقىلىق تولۇق پىكىرگە ئايلاندى. سېلىشتۇرما ئىچىدە ئايان بولغان رېئال
دۇنيا ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ سىياسىي تەپەككۇرىغا ئوبېيكت بولدى. ئەمما، بۇ
تەپەككۇر تېخى پىشىپ يېتىلگەن تەپەككۇر ئەمەس ئىدى، كۆپ ھاللاردا ۋۇجۇدىدا
ئۇرغۇپ تۇرغان مىللىي ھېسسىيات بۇ يىگىتنىڭ ئەقلى تەپەككۇرىغا
ئارىلىشىۋالاتتى.
ئەقلى تەپەككۇرىنى يولدىن چىقىرىشقا كۈچەپ كۆرەتتى. سىياسىي تەپەككۇر
بىلەن ھېسسىياتنىڭ ئۆزئارا كۆرىشىدىن ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ۋۇجۇدى
سىلكىنەتتى. بۇ ياشنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مىللىي جاسارەت ياكى مىللەتچىلىك ئېڭى
ئەقلى ـ سىياسىي تەپەككۇر بىلەن ھېسسياتنى ياراشتۇرۇشقا تىرىشاتتى. ئەمما
ھېسسيات بىلەن ئەقلى تەپەككۇرنىڭ توختاۋسىز كۈرەشلىرىنى پۇشۇرۇپ كەتكىلى
بولمايتتى.
تاشكەنتدىن تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمال ئېتىكىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرىگە لېكىن،
ئىپلاس ئاياق بىلەن بۇلغىنىۋاتقان شەھەرگە قايتىپ كەلدى. «دوست»، - دېگەن
نېمە ئىكەن، - ئۇ! «ساۋاقداش»، -دېگەن،- نېمە ئىكەن ئۇ! ئەگەر ئوتتۇرىسىدا
ئورتاق تىل بولمىسا، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدىكەن.
تاشكەنتدە ئۆز ئارا سۆزلەشكەن سۆزلەر، كۇسۇلداشلار، قۇلاقتىن - قۇلاققا
پۈتۈلگەن پىلانلار... مەقسەتلەر... سىياسىي ئسىتەكلەر... ساۋاقداشلار ئارا
قەسەم بېرىشلەر تاشكەنتدە قېلىپ قالمىدى، بەلكى ئەخمەت ئىگەمبەردى
ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن «پاش قىلىش» ماتېرىيالى ئۈرۈمچىگە كېلىپ
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قولىقىغا قويىۋېتىلگەن ۋە ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ئىسمى
قارا تىزىملىككە يېزىلىپ بولغان ئىدى.
ئەخمەت ئىگەمبەردى 1963 - يىلى تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ سىياسىي زەربە
بېرىشىگە دۇچ كەلدى، بۇ كىشىنىڭ سىياسى تەپەككۇرى، مىللەت توغرىسىدا دۇنيا
قاراشلىرى سىناققا دۇچ كەلدى. ئىسسىق ئائىلىسى ۋە ئائىلىۋى ھېسىياتى،
ئىرادىسى سىناققا دۇچ كەلدى. مېڭىش ـ تۇرۇشى چەكلەندى، سۈرگۈن قىلىندى...
نازارەت - تەقىپ ئاستىغا ئېلىندى... مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىندى. ھاياتلىق،
ئازادلىققا تەشنالىق، كۆتكەن ئارزۇلار... مۇقەددەس كۈرەشكە باغلىغان بەللەر
سىناققا دۇچ كەلدى. بۇ يىللارنىڭ ۋەزىيىتى 1962 - يىلى 5 - ئايدا يۈز
بەرگەن ئىلى - چوچەك ۋەقەلىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ قالغان ئىدى.
نازارەت تەقىبىگە ئېلىنغان ئەخمەت ئىگەمبەردى 1969 - يىلىغا يېتىپ كەلگەندە
«ئەكسىل ئنقىلابچى» غا ئايلىنىپ قالدى. بىر - بىرىگە قارشى ئىككى
مىللەتنىڭ، ئىككى خىل ئادەمنىڭ كۈرىشى ئىككى خىل مەقسەتكە جەملەندى. بىرى
ئۇيغۇرىستاننى مۇستەملىكە قىلماقچى بولغان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاياغ -
ئاستى قىلىش «ئىنقىلابى» ئىدى، يەنە بىرى مۇستەملىكىچى خىتايلارنىڭ
ئۇيغۇرىستاننى مۇستەملىكە قىلىشىغا قارشى تۇرىدىغان، ئۇيغۇر
ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ ۋە ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ۋۇجۇدىدىن يەر ئالغان مىللىي
ئىنقىلاب ئىدى.
بۇ
ئىككى خىل ئىنقىلابنىڭ قايسىسى ئەكسىل ئىنقىلاب ئىدى! ئادالەتنىڭ كۆزى
يوقمىدى! سىياسەت مەنتىقىسىنىڭ سۆزى يوقمىدى! تارىخنىڭ ھۆكمى يوقمىدى!
شوڭغىچە ئەخمەت ئىگەمبەردىگە يېتىپ كەلمىگەن كەلگۈلۈك ئەمدى يېتىپ كەلدى.
1969 - يىلى خىتاي ھوكۈمرانلىرىغا نىسبەتەن ئېيتىقاندا، مەدەنىيەت
ئىنقىلابىنىڭ نازۇك، ئەندىشىگە تولغان يىللىرى بولۇپ، ئۇنى ئازدېگەندەك
ئامېرىكا ۋە جەنۇبى ۋىيتنام كامپودژىغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ، خىتاي
كوممۇنىستلىرى مىڭ تەسلىكتە قۇرۇپ چىققان قورچاق «قىزىل كىخمېر»
ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى جەھەتتە كۈتۈلمىگەن
زەربىگە دۇچ كەلدى. ئىچكى جەھەتتە غالجىرلاشتى. خىتاينىڭ ھاكىمىيىتى لىڭشىپ
قالغان شۇنداق كۈنلەردە خىتاي ئۇيغۇرىستاندا مىللىي ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ
قېلىش ئۈچۈن سىياسىي زوراۋانلىقىنى يولغا قويدى.
ئەخمەت ئىگەمبەردى قولغا ئېلىندى. ئۇيغۇرنىڭ تۈركۈم - تۈركۈم سىياسىي
رەھبەرلىرى 1968 - يىلى 5 - ئايدا ئۈرۈمچى ئىتتىپاق تىياتىرىنىڭ مەيدانىدا
ئوقوغۇچىلارنى زور كۈلەملىك نامايىشقا تەشكىللىگەن، ئوقوغۇچىلار
ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى جۈملىدىن يەنە باشىقا سىياسىي پائالىيەتچىلەر بىلەن
بىرلىكتە ئەخمەت ئىگەمبەردى تۈرمىگە تاشلاندى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا
ئەخمەت ئىگەمبەردى ئۆزى ئاشكارا ئىشتىراك قىلمىسىمۇ ئۇنىڭ ئىدىيىلىرى،
مىللەتچىلىك غايىلىرى شۇ ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن
ئىدى.
شۇنداق ئەخمەت ئىگەمبەردى تۈرمىگە تاشلاندى. مىللىي ھاقارەت - ھاقارەت
ئۈستىگە تۈپىلەپ كەلدى، مىللىي خورلۇق - خورلۇق ئۈستىگە قوشۇلۇپ كەلدى.
ئىرادە، تاقابىل تۇرۇش كۈچۈڭ قانچىلىك؟ مىللىي ھېسسىيات، بەرداشلىق بېرىش
كۈچۈڭ قانچىلىك! ھاقارەت ۋە خورلۇق ئۇچرىغان كىشىنىڭ ۋۇجۇدىغا
تاشلىنىۋەرمەيدىغۇ؟! خورلۇق - ھاقارەت چىدىغان كىشىنىڭ، ھاقارەتكە،
خورلۇققا، جاسارەت ۋە ئادىمى ئەخلاقى بىلەن قارشى تۇرالايدىغان كىشىنىڭ
ئۈستىگە تاشلىنىدۇ.
ھاقارەتلىگۈچى، خورلىغۇچى خىتاي ھۆكۈمرانلىرى شۇنداق ۋاسىتىلار ئارقىلىق
ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ئۇيغۇرلارغا تاڭماقچى بولىدۇ. ئەمما، پەقەت ئۇيغۇرلار
ئىرادىسىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ئۇچرىغاندىلا ئاندىن خىتاينىڭ
ھاقارەتلەشلىرى، خورلاشلىرى ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ، ئەكسىچە
بولغاندا بىھۇدە بولمامدۇ؟
گېرمانىيەلىك پىسخولوگيۇم «خورلىغۇچى خورلانغۇچىنى شەرت قىلىدۇ، خورلانغۇچى
خورلىغۇچىنى شەرت قىلىدۇ، شۇنداق قىلغاندىلا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلى
خاتىرجەم بولىدۇ» - دېگەن. گەپنىڭ ئۇزايىدىن قارىغاندا، خورلىغۇچى بولمىسا
خورلانغۇچىنىڭ كۈنى خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتمەيدىكەن - دە! خورلانغۇچى
بولمىسا، خورلىغۇچىنىڭ كۈنىمۇ ئاسايىشلىق ئىچىدە ئۆتمەيدىكەن - دە!
خورلىغۇچى بىلەن خورلانغۇچى ئوتتورىسىدىكى كۈرەش بۇ ئەمەلىيەتتە خورلاش
ھوقۇقى بىلەن خورلاشقا قارشى تۇرۇش ھوقۇقى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتۇر.
كۈرەشنىڭ بۇخىل شەكلى ئىرادىلىك ئادەمنى ھەرگىز بويسۇندۇرالمايدۇ. بۇ
شەكىللىك كۈرەش 50 - يىلدىن بىرى خىتاي مىللىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى
ئوتتۇرىسىدا مۇستەملىكە قىلىش ۋە مۇستەملىكە قىلىشقا قارشى تۇرۇش كۈرىشى
بولۇپ ئىپادىلىنىپ كەلدى.
بۇ
كۈرەشنىڭ نەتىجىسى ھازىرغىچە ياكى ئۇيغۇرلارغا خەيرلىك ئاقىۋەت كەلتۈرمىدى
ياكى خىتايلارغا خەيرلىك ئاقىۋەتنى ئەبەدىيلىككە ئاپىرىدە قىلىپ بەرگىنى
يوق.
شۇنداق يىڭىلمەس ئىرادىنىڭ ئىگىسى ئەخمەت ئىگەمبەردى بۈگۈن تۈرمىدە!
قوراللىق نازارەت قىلىدۇ، كۆمۈر خاڭغا ھەيدەيدۇ... تۈرمىدىن - تۈرمىگە
يوتكەيدۇ... قولىدا زەنجىر، پۇتىدا كېشەن... بىر قاچا قايناق سۇ، بىر زاغرا
خىتايچە دوبازا... تەشنا بولغاندا بىر يۇتۇم سۇ يوق، سوراق ئۈستىگە
سوراق... تاياق ئۈستىگە تاياق، ھەي! ئۇيغۇر ئوغلانلىرى!!! خىتاي ساقچىلىرى
ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ قولىغا زەنجىر، پۇتىغا كېشەن سالدى... بىراق،
ئۇيغۇرىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئۇلغىيىپ تۇرغان مۇقەددەس ئارزۇلارغا كېشەن
سالالمىدى!
خېنەنلىك خىتاي ساقچىسى:
-
سەن بىزگە قارشى تۇرماقچىمۇ؟
خۇنەنلىك خىتاي ساقچى:
سەن
بىزنى شىنجاڭدىن قوغلاپ چىقارماقىچىمو؟ ئاللاھ! بۇ زېمىن كىمنىڭ زېمىنى
ئىدى؟ ئۇيغۇرنىڭمۇ ياكى خىتاينىڭمۇ؟ خىتاي ئۇيغۇرنى سوراق قىلشى كېرەكمىدى
ياكى ئۇيغۇر خىتاينى سوراق قىلشى كېرەكمىدى؟
تۈرمىدە... قانچە ۋاقىت ئۆتتى؟ بىلمەيمەن تەبىئەتكە خاس ۋاقىت تەرتىپىدىن
ئېيتقاندا، 10 يىلدەك ۋاقىت ئۆتتى... بىر ئىنساننىڭ قىسقا ئۆمرىدە قانچە
10 يىل بار؟ دەقىقىلەر... مىنۇتلار... كۈرەش... مىللىي ئۆچمەنلىك...
نەپرەت... سېغىنىش... ئەسلەش... تەگسىز خىياللار... بەزىدە يۇپۇرۇلۇپ
كەلگەن خىياللار... ھەتتا بەزىدە تاشلاپ كەتكەن خىياللار... خىياللار...
قاراڭغۇ كامېر... تەنھالىق... بىر - بىرىدىن ئورتاق پىكىر تاپالمىغان
بىچارىلار... مەھبۇسلار.
ئەپەندىم ئەخمەت ئىگەمبەردى، شۇنداق قىلىپ قانچە يىل تۇرمىدە ئۆتتى؟ 10
ئەسىر....
-
ياق ئەپەندىم 10 دەقىقە ئۆتكەندۇ؟ كۈچلۈك ئىرادىنىڭ ئىگىسى ۋە
تەۋرەنمەيدىغان سىياسىي ئېتىقادقا ئىگە ئادەمگە 10 - يىل 10 دەقىقە بولۇپ
تۇيۇلىدۇ. ئىنقىلابچى ئادەمگە ۋاقىت شۇنداق ئۆتكەن بولىدۇ، - ئەلۋەتتە.
1985
- يىلى باھار پەسلى ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ھاياتىغا يەنە باشقا ئۆزگىرىش
ئېلىپ كەلدى.
ئۈرۈمچىدە دوستلۇق كىنوخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۇچرىشىپ قالدىم... ئاق يول
تىلىدىم... ئەخمەت ئىگەمبەردى ئائىلىسىنى ئېلىپ، ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ
يىراققا ― ئاۋستىرالىيىگە سەپەر قىلدى.
ئاقىرىپ كۆرۈنەر يالغۇز بىر يەلكەن،
كۆك
دېڭىزدا تۇمان ئىچدە.
ياقا
يۇرتتا نېمە ئىزلەركەن،
نېمىنى تاشلاپ كەتكەن ئېلىدە!
لېرمېنتوف
ئەخمەت ئىگەمبەردى مېھىرى - مۇھەببەتنى تاشلاپ كەتتى... جاپا - مۇشەققەتنى
ئىزلەپ كەتتى ياكى جاپا - مۇشەققەتنى تاشلاپ كەتتى... مېھرى مۇھەببەتنى
ئىزلەپ كەتتى ياكى ئۇيغۇرلارغا نىجاتلىق، ئازادلىق ئىزلەپ كەتتى... ياقا
يۇرت ئىنقىلابچىغا سىياسىي پانالىق بەردى... ئۆز ئېلىگە پاتمىغان سەركە
ياقا يۇرتتىن ماكان تاپتى.
ئىنقىلاب يەنە ئەخمەت ئىگەمبەردى ئارقىلىق ئاۋستىرالىيىدە باشلاندى.
ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنى يوق. ئۇيغۇر قەيەرگە بارسا ئايىغى تەككەن يەر ئۇيغۇرنىڭ
ۋەتىنى بولىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنى ئۇيغۇر دەسسەپ تۇرغان بىر غېرىچ يەردىن
باشلىنىدۇ.
ئەلۋەتتە ئىنقىلابمۇ بىر غېرىچ يەردىن باشلىندۇ، - دە! كونفرانسلارغا،
يىغىنلارغا قاتناشتى. بەلكى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئاۋستىرالىيىدە شۇنداق
يىغىنلارنى ئۆزى تەشكىللىدى. ئاۋسترالىيىدە ئۇيغۇرىستان كىشىلىك ھوقۇق
تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى پۇتۇن ئاۋستىرالىيىگە، ھۆكۈمەتكە،
چەتئەللەرگە ئاڭلاتتى... ئۇيغۇرىستانغا خەلقئارا مۇخبىرلارنى ئەۋەتتى...
نامايىش تەشكىللىدى، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا دادىل جاۋاب بەردى.
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارغا يۇز كېلەلەرمۇ؟ كېلەلمەيدۇ. ئامەت
بىلەن ئاپەتنى بىللە ئېلىپ يۈرگەن ۋاقىت ۋە زامان ئامەت بىلەن ئۇيغۇرلارغا
يۈزلەنگەندە، ئىشىنىمەن، ئۇيغۇرلار كونا - يېڭى ھېسابنى بىراقلا ئالىدۇ.
بارىكاللاھ! ئىنقىلابچى! ئۇستازىم ئەخمەت ئىگەمبەردى! ئۆچ ئالمىغان ئوغۇل
بالىنى ئوغۇل بالا دېگىلى بولامدۇ؟
ئەخمەت ئىگەمبەردى قەلەم ئارقىلىق جىھاد قىلدى، «زىنداندىن ياڭرىغان ئوتلۇق
سادالار»، «شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ قانلىق يارىسى»، «شەرقىي
تۈركىستان ۋەتىنىم مېنىڭ!»، قاتارلىق شېئىرى ۋە پوپلىستكىلىق ئەسەرلەرنى
يېزىپ، شېئىرلىرىدا تاۋلانغان مىللىي ھېسىياتىنى ۋە ھەرىكەتنى خەلققە
تەقدىم قىلغان بولسا، پوپلىستكىلىق ئەسەرلىرىدە سىياسىي ئېتىقادنى ۋە
سىياسىي ھوقۇقى ئىرادىسىنى خەلققە تەقدىم قىلدى.
توختى قۇربان، زىيا سەمىدى، تۇرغۇن ئالماس، ئابدۇلئەزىز مەخسۇم، دىلبىرىم
سامساقىۋا، سابىت ئابدۇراخمان قاتارلق ۋەتەننىڭ مۇجاھىدلىرى، ۋەتەننىڭ
مۇستەقىللىقىغا، مىللەتنىڭ ئەركىنلىكىگە بەدەل تۆلىگەن، ھېسابسىز بەدەل
تۆلىگەن ۋەتەن ئوغلانلىرى، ھەمشەھەرلىرىمىز، ئۇلارنىڭ ئوبرازى، ئۆچمەس
سىماسى ئىنقىلابچى ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ قەلىمىدە مۇھەببەتكە لايىىق
تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولدى.
ئىنقىلابچىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىككى خىل مەنىۋىي كۈچ بار ئىدى.
1)
ئەخلاق.
2)
ئىرادە.
ئەخلاق بىلەن ئىرادە بىرلەشمىگەندە ئەخلاقنى ئەخلاق دېگىلى، ئىرادىنى
ئىرادە دېگىلى بولمايتتى.
ئەخمەت ئىگەمبەردى قورسىقى كەڭ ئىنقىلابچى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. ئەمەلى
ئەخلاقى قىياپىتى ئارقىلىق، ساختىپەزلىك، كاززاپلىقنى ۋە بۇنداق
خۇسۇسىيەتلەرنى جامائەت سورۇنلىرىغا ئېلىپ كىرگۈچىلەرنى ۋە سىياسەت
ساھەسىگە تاڭماقچى بولغان كىشىلەرنى رەھىمسىز تەنقىد قىلدى، مىسقال
مەنپەئەت ئۈچۈن، ساختا شۆھرەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن يولدىن ئۆتكەندە ئوڭ تەرەپكە
ۋە سول تەرەپكە تازىم قىلىدىغان ئادەملەرنى پاش قىلدى.
ئەخمەت ئىگەمبەردى قانداق قىلىپ بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكى ئىنقىلابچى ئادەم
بولۇپ يىېتىشىپ چىقالدى؟ زۇلۇم ـ ئىسيان ئوتتۇرىسىدا ساقچى بولىدۇ، تۈرمە
بولىدۇ، ئۆلۈم بولىدۇ، ئەخلاق بىلەن ئەخلاقسىزلىق ئوتتۇرىسىدا نومۇس
بولىدۇ، ئىسيانكار ئادەم تۈرمىنى، ساقچىنى، ئۆلۈمنى كۆز ئالدىغا
كەلتۈرمەيدۇ.
قۇرئان كەرىمدە: «ئاللاھقا تەۋەككۈل»، - دېيىلمىگەنمىدى؟! ئۈمىد بىلەن
ۋەھىمە ئوتتۇرىسىدا ئېتىقاد بولىدۇ، مەسلەك بولىدۇ، ئۈمىد مەسلەكنى ئۆزىنىڭ
نىشانىغا يېتەكلەيدۇ، ۋەھىمە مەسلەكنى ئۆز ئورنىدا چەكلەيدۇ. مۇبادا مەسلەك
مۇستەھكەم سىياسىي ئېتىقادقا ئايلىنىدىكەن ئىنقىلابچىنىڭ كۆزىگە ھېچنەرسە
كۆرۈنمەيدۇ. ھەر قانداق ئىنقىلاب ياكى ئەركىنلىك ئۈچۈن ياكى مۇستەقىللىق
ئۈچۈن كۈرەش جەريانىغا كىرگەندە، سىياسى ئېتىقادنى ئاساس قىلغان بىر
پرىنسىپ رول ئوينايدۇ.
پرىنسىپ - مۇستەقىللىق! بۇ ئۇلۇغ ھەقىقەتكە تايانغاندا ھەقىقەت بارلىق
ۋەتەنداشنىڭ ئورتاق غايىسىگە ئايلىنىدۇ. ۋەتەنداشلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسى
نىشانىنى تېپىۋالغان بولىدۇ. بىز بۇ يەردە ئۇيغۇر مىللى ئازاتلىق
ئىنقىلابىنىڭ بۇنىڭدىن ئۆزگە ئەھمىيىتى بارلىقىنىمۇ بىلمەيمىز. بىلسەكمۇ
ئېتىراپ قىلمايمىز.
پرىنسىپ بار يەردە بۇ پرىنسىپ قۇرۇلۇش خارەكتېرلىك بولۇشى كېرەك، مۇستەھكەم
سىياسىي ئېتقادنى ئومۇملاشتۇرغان تونۇش بولمىسا، ئىنقىلابچىنىڭ غايىسى
ئەبەدى پاكىتقا ئايلىنالمايدۇ. شەخسيەتچىلىكتىن ۋاز كەچمىگەندە، دائىم
دېگۈدەك ئورتاق مەقسەتلەر ئۈچۈن بەدەل تۆلىمىگەندە ئۇلۇغ ئىشلارنى باشقا
ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ. بەدەل تۆلەش جۈرئىتى ھەرىكەتتە دائىم دېگۈدەك
مەسئۇلىيەت تۇيغۇرسىغا باغلق بولىدۇ. مەسئۇلىيەت شەخسىيەتچىنىڭ ۋۇجۇدىغا
يەرلەشمەيدۇ. مەسئۇلىيەت ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ يۈكسەك، خىلاپلىق قىلغىلى
بولمايدىغان مۇستەقىللىق ئارزۇلىرىنى چۈشىنىشنى خالايدۇ. بۇ خىل ئارزۇلارنى
چۈشىنىشنىمۇ خالىماي ئاتالمىش «مىللى داۋا» قىلغۇچى كىشىلەر بىر ئۇچۇم
كۆكەمىلەر ۋە پرىنسىپسىز ئۆكتەمىلەردۇر. بۇخىل كۆكەمىلەر ۋە ئۆكتەمىلەرگە
زەربە بېرىش ۋە بۇ تىپلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ داشقاللىرىنى چەتكە قېقىش،
ئەلۋەتتە، بىر خىل مەسئۇلىيەتنىڭ ئىپادىسىدۇر.
مەن
ئادەمنىڭ ئالاھىدىلىكى نېمە - دەپ سوئال قويمايمەن. بۇنداق سوئالغا
تەييارلاپ قويغان تەييار جاۋابىممۇ يوق. مەن كۆڭلۈمدىكى ئادەملەرنىڭ
ئالاھىدىلىكى نېمە؟ - مەلۇم ئىقتىدارغا ئىگىمۇ ياكى ئىگە ئەمەسمۇ؟ - دەپ
سوئالمۇ قويمايمەن. بىراق كۆڭلىمىزدىكى بۇ ئادەم مەسئۇلىيەتچان ئادەم دېگەن
پاكىتقا يۈزلەنگەندە، شۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن شۇ ئادەمدە
مۇئەييەن ئىقتىدارنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنىمۇ ئىنكار قىلمايمەن. ئەگەر بىر
ئادەم پرىنسىپقا ئاساسلىنىپ ھەرىكەت قىلىشقا يوللۇق بولمايدىكەن، بۇ ئادەم
مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ.
مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بۇ ئادەمدىن ئەركىن خاراكتېر تەلەپ قىلدۇ، بۇ كىشى
ھەسرەتلەنگەندە ئەركىن كىشىدۇ، ھاقارەتكە دۇچ كەلگەندە ئەركىن كىشىدۇ،
خۇشاللىققا ئىرشكەندىمۇ ئەركىن كىشىدۇر، تۈرمىدە ئولتۇرغاندىمۇ ئەركىن
كىشىدۇر، كۈرەش ـ ئىنقىلاب قىلغاندىمۇ ئەركىن كىشىدۇر، چۈنكى، بۇ كىشى
پرىنسىپ بىلەن مەسئۇلىيەتنى بىرلەشتۈرگەن كىشىدۇر ياكى مەسئۇلىيەت بۇ
كىشىنىڭ ۋۇجۇدىدىن روھى ئالەمىدىن ھالقىپ ۋەتەن ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتكە،
مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتكە ئايلانغان مەسئۇلىيەتتۇر. ھەقىقىي ئىنسان
مۇمكىن بولىدىغان ياكى مۇمكىن «بولمايدىغان» ھادىسلارغا دۇچ كەلگەندە
ئادەمنى چۇچۇتقىدەك دەرىجىدە مۇئامىلە قىلىشى لازىم. ئىنقىلابچى ئەخمەت
ئىگەمبەردى باشقىلارغا ئوخشاش ئۇيغۇرنىڭ مۇستەقىللىقى مۇمكىنمۇ ياكى مۇمكىن
ئەمەسمۇ؟ - دەپ ئويلاپ ئولتۇرغىنى يوق. بۇ ئىنقىلابچىمىز كۈرەشچان
ھاياتىنىڭ ئۇزاق مۇساپىلىرىدە ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلدى!!!
داھى
― ئەخمەت ئىگەمبەردى
«توقۇنۇش»، كۈرەش، رەھىمسىز تارىخ ياراتقان دۇنيادا ھاياتنىڭ ئەڭ
لەززەتلىك مەزمۇنى بولۇپ كەلدى. بەزىلەر كارۋاتتا ئوڭدا يېتىپ ئۆلدى،
بەزىلەر تەتۇر زامانغا، تەتۇر قىسمەتلەرگە قارشى شىددەتلىك كۈرەش مەيدانىدا
ۋە جەڭلەردە ۋاپات بولدى. ھەقىقىي ئىنسان تۇغۇلغاندا كۈرەش ۋە توقۇنۇش
ئىچىگە تۇغۇلغان بولىدۇ. بۇنداق ئىنساننىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتى كۈرەش
ئىچىدە ئۆتكەن بولىدۇ. داھى تىپ - تىنچ ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ، پەقەت
كۈرەش ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھەتتا، بۈگۈنكى كۈندە ئىلغار دېمۇكراتىك
مەملىكەتلەردە سايلام ئارقىلىق ئېتىراپ قىلىنغان داھىلارمۇ كەسكىن سىياسىي
كۈرەش ۋە كەسكىن سىياسىي رىقابەت ئىچىدە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن
داھىلاردۇر.
كۈرەش ئىچىدىكى مىللەتنىڭ داھىسى ئىنقىلاب، رەھىمسىز كۈرەشنىڭ ئىچىدە
تەربىيىلىنىپ چىققان داھىلارنى تەييارلايدۇ. داھى مۇئەييەن نسبەتتە
ئەگەشكۈچىلەر ۋە قوللىغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇشى لازىم. ئەخمەت
ئىگەمبەردى ئەنە شۇنداق داھى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. ئەخلاقى قامەتكە، قايىل
قىلىدىغان جاسارەتكە ئىگە داھى بولۇپ قالدى.
ئەخمەت ئىگەمبەردى ھېچقاچان، ھەرقانداق يەردە بىركىشىگە مەن ئۇيغۇرلارنىڭ
داھسى دېمىدى ياكى ساۋاتسىز دىنى مۇخلىسلارنى ئەگەشتۈرۈشنىڭ كويىدا ئۆزىنى
مەن ئۇيغۇرلارنىڭ «روھانى» داھىسى دەپمۇ جاكارلىمدى.
داھى
بىر مەقسەتكە لايىق بىر نىشاننى ئۆز ئالدىغا تىكلىگەن بولۇشى لازىم. داھى
ئىپتىدائى شەخسىيەتچىلىكتىن ۋازكەچمەيدىكەن، كۈرەش يولىدا مەقسەتلىك
شەخسىيەتچىلىكنى ياكى دېمۇكراتىك شەخسىيەتچلىكنى تاللاپ ئالمايدىكەن بۇنداق
داھىنىڭ ھەقىقىي مەنىدە داھى بولالىشى ناتايىن. تارىختا نۇرغۇن كىشىلەر
داھىلىق سەلتەنەتىگە ئېرىشكەن، بۇران - چاپقۇنلۇق كۈرەشلەرگە دۇچ كەلگەندە
بۇ داھىلارنىڭ بىر قىسمى پۇرسەت پەرەست سىياسەتۋازلار بولۇپ چىقتى. بۇ
كىشىلەر ئەمەلىيەتتە ئپتىدائى شەخسىيەتچلىكتىن ۋاز كېچەلمىگەن كىشىلەر
ئىدى. ئۇلارنىڭ ھاياتى - ئۈمىدى ھەشقى پىچەككە ئوخشاپ قالدى. داھىلارنىڭ
يەنە بىر خىلى خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن سىياسىئۇنغا ئايلىنىپ، داھى بولۇپ
يېتىشىپ چىقتى. بۇ كىشىلەر ۋە شۇ داھىلار ھازىرغىچە تارىخ بىلەن بىللە
ياشاپ كەلمەكتە.
تىنىمسىز پىكىرلەر ۋە يېڭىدىن - يېڭى تۇغۇلغان ئىدىيىلەر داھىنىڭ ئېڭىدا
غىدىقلاش پەيدا قىلغۇچى كۈچ سۈپىتىدە ئاۋۋال مىللەتنىڭ ئارزۇلىرىغا
ئايلانغان بولۇشى، قىساس ۋە غايىگە ئايلانغان بولۇشى، مەقسەت ۋە نىشانغا
ئايلانغان بولۇشى كېرەك. شۇنداق كەيپىيات جەمئىيەتتە ئومۇملاشمىغاندا داھى
قەيەردىن كېلىدو؟ داھىنى دەۋر يارىتىدۇ، داھى تارىخنىڭ ئەخلەت ساندۇقىدىن
تېرىپ كېلىنمەيدۇ، بەلكى داھى مىللەتنىڭ ئارزۇلىرىدىن تۇغۇلغان بولىدۇ.
داھى
بىلەن ئەگەشكۈچىلەر ئوتتۇرىسىدا «پەرقسىز» مۇھىت بولۇشى ۋە «پەرقلىك»
ئارىلىق بولۇشى لازىم. داھى بىلەن ئەگەشكۈچىلەرنىڭ مۇددىئا جەھەتتىكى
بىرلىكى، قىممەت قاراشلىرى ۋە مەقسەتلەر ساھەسىدىكى بىردەكلىكى ۋە بۇنىڭ
جەريانلاشقان جەريانى، داھى بىلەن قوللىغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى
ئېھتىياجلارنىڭ بىرلىكى، بىخەتەرلىك تۇيغۇلىرى بىردەك بولۇشى لازىم. بۇ
بىزنىڭ داھى بىلەن قوللىغۇچىلار ئوتتۇرىسدىكى «پەرقسىز» مۇھىت
دېگەنلىكىمىزدۇر.
داھىلار قوللىغۇچىلارغا موھتاج بولىدۇ، قوللۇغۇچىلار داھىلارغا موھتاج
بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالىغانلىقى ئۈچۈن بىر ئادەم ئۇلۇغ
ھېسابلانمايدۇ، بەلكى باشقىلارغا ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلدۇرالىغان ئادەم ئۇلۇغ
ئادەمدۇر. بۇ ئادەم موما بولۇپ تۇرۇپ بېرىدۇ، بۇ ئادەم تۈۋرۈك بولۇپ تۇرۇپ
بېرىدۇ، ئەتراپىدىكى قوللىغۇچىلار ئۇلۇغ ئىشلارنى تاماملايدۇ.
«توقۇنۇش» بۈگۈنگىچە جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ساھەسىدە ئۇدۇم بولۇپ
كەلدى، گېگىل، خوببىس قاتارلىق پەيلاسوپلار توقۇنۇشنىڭ ئادەم بىلەن ئادەم
ئوتتۇرىسىدا، ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ پىسخىكىلىق مۇناسۋەتلىرىدە ئىنتايىن
مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلشقان ئىدى. 17 - ئەسىردە
پادىشاھلىق ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ مۇستەبىتلىرى، 18 - ئەسىردە شوتلاندىيەنىڭ
ئەخلاقشۇناسلىرى، 19 - ئەسىردە ئىجتىمائىي دارۋىنىزم يەنە باشقا سىياسەت
پەلسەپە ئېقىملىرى ھوقۇق بىلەن توقۇنۇش مەسىلسىگە ئىزلەنگەن ھوقۇق، قانداق
خارەكتېرلىك ھوقۇق؛ توقۇنۇش، يەنە قانداق خاراكتېرلىك توقۇنوش،
بۇمەسىلىلەرنى بارلق ئەگەشكۈچىلەرنىڭ بىر يوللۇق پەرق ئېتىپ كېتەلىشى
مۇمكىنمۇ؟ شۇڭا، داھى بىلەن قوللغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا پەرقلىق «ئارىلىق»
بولۇشى لازىم. بۇ ئارىلىقنىڭ زىدىيەتلىك ئارىلىققا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ
ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن داھى بولغۇچى ئادەم ئاللاھ بەخشەندە قىلىپ بەرگەن
ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىش، ئىنتايىن نازۇك، ئىنتايىن ئىنچىكە بۇ خىزمەتنى
چىرايلق ياراشتۇرۇش يولى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش، پەرقلىق ئارىلىق تىن
«پەرقسىز» مۇھىتقا تەدىرىجى ئۆتۈش لازىم. داھى بىلەن قوللىغۇچىلار
ئوتتۇرىسىدىكى «پەرقلىق» ئارىلىقتىن ھالقىپ، قوللىغۇچىلار بىلەن داھىنىڭ
مۇناسۋىتىنى «پەرقسىز مۇھىت»قا يېتەكلىگۈچى ئادەم ― ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچدە
بۈگۈن بىردىنبىر ئادەم ئەخمەت ئىگەمبەردى بولۇپ قالدى.
توقۇنۇشقا تەبىر بەرگۈچىلەر: «توقۇنۇش تەشكىللىك جەمئىيەتنىڭ بىردەكلىكىنى،
ماس قەدەملىك جەمئىيەت ھالەتلىرىنى ئىزىدىن چىقىرىدۇ» - دېيىشتى.
ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغاندا خىتاي جەمئىيىتى «تەشكىللىك»، «ماس قەدەملىك»
بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى جەمئىيەت ئەمەسمىدى؟ گەرچە ئۇيغۇرلار مىللى
توقۇنۇش پەيدا قىلغۇچى ئىككى تەرەپنىڭ سالاھىيەتلىك، ئاڭلىق بىر تەرىپى
بولالمىسىمۇ، تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن، ئاجىز بولسىمۇ، بىراق يېرىم ئەسىردىن
بۇيان خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار مۇرەسسەسىز توقۇنۇش ئىچىدە ياشاپ كەلدى. شۇ
توقۇنۇشقا ئاكتىپ قاتناشقان ۋە مىللى توقۇنۇشنىڭ دەرىجىسىنى تېخىمۇ
يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن، شۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ۋە مىللەتنىڭ قەدىر -
قىممىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن سان - ساناقسىز ئوغۇل - قىز،
ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ ئىچىدە، ۋۇجۇدىغا روھى ۋە مەنىۋى قۇۋۋەتنى توپلىغان
كىشىلەرنىڭ بىرى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئىدى.
مىللى توقۇنۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى جەمئىيەتتە ھەرخىل مۇناسۋەتلەرگە سېڭىپ
كەتكەن بولىدۇ. يوشۇرۇن كۈچ يوقىتىش ياكى يوقىلىش ياكى ياۋايى كۈچنىمۇ
تەييارلايدىغان ساغلام ياكى ئۆسۈپ يېتىلگەن كۈچنىمۇ تەييارلايدىغان
ئۇچاقتۇر. چۈنكى مىللى توقۇنۇش ئىچىدىكى جەمئىيەتتە توقۇنۇشنىڭ سەۋەبلىرىنى
ئاخىرلاشتۇرۇش مۇددىئالىرى ئېھتىياجلىق بولغان كۈرەشنىڭ ۋاسىتىلىرىنى
ئىختىيارى تاللاپ ئولتورغىلى بولمايدۇ - دە!
-
«ئۇيغۇرىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىش
ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىدىغان ئىشمىكەن؟ دەيدۇ، مەن تونۇيدىغان
ئەخمەت ئىگەمبەردى.
بىر
جەمئىيەتنىڭ خام خىياللىرى پەقەت قارىمو قارشىلىقنىڭ يەنى زىددىيەتلىك
ئىككى تەرەپنىڭ ئاساسلىق تەرىپىگە بىرلەشتۈرۈلگەندىلا (ياكى ئاساسلىق
تەرىپىگە قارىتىلغاندىلا) ئاندىن ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. بۈ دېگەنلىك تىنچ يول
بىلەن ھەل قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ خام خىياللىرى ياكى ئۇرۇش بىلەن ھەل
قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئاكتىپ خىياللىرى، زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرىپى
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى مەيداندا مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش
قىلغاندىلا ئاندىن ئەھمىيەتلىك بولىدۇ، - دېگەنلىكتۇر.
مىللى توقۇنۇش خىتاينى تىللاش ئارقىلىقلا ئاچچىقىنى چىقىرىۋالىدىغان
بىردەملىك ئەخلاقى ھەرىكەت ئەمەس. ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، توقۇنۇش
كىشىلەر ئىشەنمىسە بولمايدىغان، ھەقىقىي مىللەتچىلەرنى ھاياجانغا
سالىدىغان، ئىلھاملاندۇرىدىغان، ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان، مىللى غۇرۇرىنى
ۋەسۋەسىگە سالىدىغان توقۇنۇشتۇر.
خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللى توقۇنۇش باشقىلار قاتارى ئەخمەت
ئىگەمبەردىنىڭ بىر ئۈمىدىنى ياراتتى. توقۇنۇش توغرىسىدىكى قاراشلىرى ئەخمەت
ئىگەمبەردىگە كۈچ ئاتا قىلدى، ئۇنىڭ سىياسى ئىرادىسىنى تاۋلىدى، تېخىمۇ
سىياسىيلاشتۇردى ۋە ئۇنىڭ كۈرەشچان روھىغا ئىشەنچ ئاتا قىلدى. جاپا -
مۇشەققەتكە، ھاقارەتكە دۇچ كەلگەندە مەيۇسلەنمەي، كۈرەشچان ھاياتىنىڭ ئۇزاق
مۇساپىلىرىدە بەل قويىۋەتمەي، بۈگۈنكى داھى قامەتلىك ئەخمەت ئىگەمبەردى
بولۇپ يېتىشپ چىقتى.
ھەر
بىر ئادەم ياكى ھەر بىر گۇرۇھ ياكى مەزھەپلەر ياكى ھەرقانداق بىر جەمئىيەت
يوشۇرۇن پەردىلىك ۋە دۈشمەنلىككە ئاپىرىدە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرخىل
قاتلاملىرىدا، سورۇنلىرىدا روھى ۋە سىياسىي شەكىللەرنى تەييارلايدۇ.
توقۇنۇشقا قۇتراتقۇچى ياكى توقۇنۇش ۋەزىيىتىنى ئىلگىرىلەتكۈچى كۈچ سۈپىتىدە
داھىنىڭ توقۇنۇش جەريانىغا قويغان تەلەپلىرى، توقۇنۇشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسگە
مۈناسىۋەتلىك قىممەت قاراشلىرى ياكى نىشانى ئەھمىيەتلىك ھەرىكەتكە
ئۆزگەرگەندىلا داھى ئاندىن رول ئوينايدۇ.
داھى
ئەگەشكۈچىلەرنىڭ تەلەپلىرىنى ئپادىلىگەندە ۋە بۇ تەلەپلەردىن پايدىلانغاندا
مۇنداق ئېيتقاندا، قوللىغۇچىلارنىڭ تەلەپلىرىگە، سىياسى ئارمانلىرىغا
قىزىققاندىلا داھى ئاندىن قوللىغۇچىلارنىڭ ئېڭىنى قوزغىتىدىغان چاقىرىق
كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.
قوزغىلاڭ، ئىنقىلاب، نامايىش قارىماققا بىر ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس. ئەمما،
بەزى ھاللاردا سىياسى شەكىللەرنى تەييارلغۇچى، ئەگەشكۈچىلەرنى تۇقۇنۇشقا،
ئىنقىلابقا، نامايىشقا قۇتراتقۇچى بىر ئادەمنىڭ روھى ياكى شۇ ئادەمنىڭ ئىشى
بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق ئەھۋالدا ئىنقىلاب، نامايىش، قوزغىلاڭ ئستىخىيىلىك
ھەرىكەت بۇلۇشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ.
توقۇنۇش زىددىيەت، يەنە توقۇنۇش بۇ جەريانغا ئەلۋەتتە ئادەملەر ئىشتىراك
قىلىدۇ، ئشتىراك قىلغۇچى ئادەملەرنىڭ سانى توقۇنۇشنىڭ كۆلىمىنى، جەريانىنىڭ
ھاسىلاتى ھېسابلانغان بارلىق ھادىسىلەرنى بەلگىلەيدۇ. بىر مەيدان كۈرەش
باشلانغان ھامان ئادەملەر دەرھال ئشتىراك قىلمايدۇ. بەلكى كۈزۈتۈپ تۇرىدۇ.
بۇنداق كىشىلەر نان قېىپى پۇرسەتپەرەستلەر بولۇپ، بۈنداق كىشىلەرنى يەنە
داھى بولغۇچى ئادەم توقۇنۇشنىڭ ئىچگە يېتەكلەپ كىرىدۇ - دە، توقۇنۇشنىڭ
كېڭىيىش شەكلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
داھى
ئەخمەت ئىگەمبەردى بىر ئۆمۈر شۇنداق ئىش بىلەن شۇغۇللاندىمۇ، قانداق؟
شۇنداق دەپ جاۋاب بېرىمىز. ئەمما، ئەخمەت ئىگەمبەردىنى قوللغۇچىلار قېنى؟
ئۇنىڭ ئىنقىلابىي چاقىرىقىغا ئاۋاز قۇشقۇچىلار قېنى؟ بۇ ئۇزۇن يوللارنى
ئۆزۈڭ مېڭىشقا، يىقىلىپ كەتسەك ئۆزۈڭ ئورنىڭدىن تۇرۇپ يەنە مېڭشىقا توغرا
كەلدى. ئەگەر تاغۇ تاشلاردا شۇنچىلىك ھېس - تۇيغۇ بولسا ئىدى، ئەخمەت
ئىگەمبەردىگە ئەگەشكەن بولاتتى. شۇڭا ئۇ ۋەتەننى تاشلاپ كەتتى. يەنە شۇ
ئۇيغۇرغا نىجاتلىق ئىزلەپ ياقا ئەللەرگە ھىجرەت قىلدى.
مەسىلەن، ئۇيغۇرنىڭ دىنى داھىسى، - دەپ ئاتىلىدىغان رەھمەتلىك ئابدۇلئەزىر
مەخسۇم جىن شورىن دەۋرىدىن تاكى كوممۇنىست خىتاينىڭ سېكرىتارى خۇاگوپىڭ
دەۋرىگچە تۇرمىدە 37 - يىل ياتتى. قېنى بۇ دىنى ئەرباپىنڭ ئەگەشكۈچى دىن
مۇخلىسلىرى؟ قاراماي قاچىلاپ ئۈرۈمچىدىن شەرققە قاراپ ماڭغان پويىز
ئابدۇلئەزىر مەخسۇمنى بېسپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ھېسداشلىق قىلغۇچىلار ئەمدى
بۇ قېتىم ئۇنىڭ جىنازىسىنى كۆتۈردى. ئۆزىنىڭ داھىسىنى تىرىكلىكىدە كۆتۈرمەي
ۋاپات بولغاندا جىنازىسىنى كۆتۈرىدىغان بىرمىللەت كەم - كۆتىسىز قۇل ياكى
روھى ئۆلگەن مىللەتتۇر.
بىر
مىللەتنىڭ ياكى بىر خەلقنىڭ مەقسەتلىك ئويغىنىشى، سىياسى ئاڭ پەيدا قىلىشى
سىياسەت پەيلاسوپلىرىغا، پىسخولوگلارغا تونۇشلۇق بولۇپ كەلگەن ئىدى.
مەسلەن، سىياسى چېنىقىش جەھەتتە تەپەككۇرنى ئىلگىرى سۈرىيدىغان مەسىلىلەر،
ئاڭ ۋە سىياسىي كۆز قاراشلارنى ھەم تولۇق ھەم جىددىي رەۋىشتە داھىلارنى
تەتقىق قىلغۇچى ئالىملارنىڭ ئالدىغا تاشلىغان ئىدى. گېگىل قاتارلىق
پەيلاسوپلارنىڭ 19 - ئەسىردىكى نەزىرىيىلىرىدە، «توقۇنۇش ئاڭدىن پەيدا
بولىدۇ» - دەيدىغان نېگىزلىك قاراشلار ئوتتورىغا قويۇلغان ئىدى. ئاڭ، دېگەن
نېمە؟ بۇ پەيلاسوپلار ئىنسانىيەتنىڭ نىگىزلىك ئىھتىياجىنى تونۇپ يەتتى.
پەيلاسوپلارنىڭ ئۇستازى فېىيىرباخ، «ئىنسانىيەت ماھىيەتنى ئېنىق، تۇلوق
پەيدا قىلغۇچى ھەقىقى ئىھتىياجغا ئىگە»، دەپ كۇرسەتكەن ئىدى. بەزى
پەيلاسوپلار ئىنساننىڭ ھېسسىيات باسقۇچىدىكى توقۇنۇشى بىلەن ھايۋاننىڭ
خۇسۇسىيەتلىرىنى سېلشتۇرۇپ، «كيىنكىسى ھايۋاننىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە
ئېھتىياجىدىن باشقا ئوبېكتىپ دۇنيادا يەنە قانداقتۇر باشقا بىر
نەرسلەرنىڭمو بارلىقىنى بىلمەيدۇ.»- دېگەن. شۇڭا، «ئادەمنىڭ ئەمگىكى
ئېھتىياجلارنى بىۋاستە قاندۇرۇشقا ئېلىپ بارمايدۇ، بەلكى ئىنساننىڭ ئەمگىكى
ئىنساننىڭ ئېڭى ۋە ئۆزلۈك ئېڭىنى پەيدا قىلدۇ»، - دېيىشكەن.
كەچۈرۈڭ ھۆرمەتلىك ئەخمەت ئىگەمبەردى، مەن بۇ قۇرلارنى يېىزىۋاتقاندا شۇ
قۇرلارنىڭ مەزمۇنىنى مىسال بىلەن تۇلۇقلاشنى لايىق تاپتىم.
ئەمگەكنىڭ رولى نېمە، چۈشەنمەيدىغان ئۇيغۇر مىللىتى بۈگۈنكى كۈندە «ماھىيەت
پەيدا قىلغۇچى ئېھتىياچ» نى تەييارلىغان مىللەت بۇلالماي قالدى. ئۇيغۇر
مىللىتى بۈگۈنكى كۈندە تاشقى دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك ئەقلى باسقۇچتا
«توقۇنۇش» پەيدا قىلغۇچى مىللەت بولۇش بۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا، ھېسسىيات
باسقۇچىدا «تۇقۇنۇش» پەيدا قىلغۇچى ياكى ھېسسىيات باسقۇچىدا مىللى توقۇنۇش
توغرىسدا چۈشەنچە پەيدا قلغۇچى مىللەتمۇ بۇلالماي قالدى. ئۇبېكتىپ دونيادا
يەنە قانداقتۇر باشقا بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان ئىپتىدائى
ئاھالىلار كوللىكتىپىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ گەپلەرنى پەيلاسوپلار تۈنۈگۈنلا
سۆزلىگەن ئىدىغو؟!
مىلادى 7 - ئەسىردە پەيغەمىبەرگە ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھىدە، «شەك شۈبھسىزكى،
جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دۇزاخقا (يېقىلغۇ بۇلۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق،
ئۇلار دىللىرى بولغان بىلەنمۇ ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلار كۆزلىرى
بولغان بىلەنمو، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ قۇدرەت دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ،
ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمو، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى
ئىبرەت ئېىلىپ) تىڭشىمايدۇ، ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ
بەتتەر گۇمراھتۇر. ئەنە شۇلار غاپىلدۇر.» (7 - سۈرە « ئەئراف » 179 -
ئايەت).
ئۇقۇڭ،- دە! بۇ ئايەتنى مۇسۇلمان مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ھالىغا
قاراڭ!!!
مەن
ئۇيغۇر بۇ مىللەتنى ھاقارەتلەپ قويدۇممو، - قانداق؟ پېتىنامدىمەن؟ پەقەت
قۇرئان كەرىمدىن سىتاتا كەلتۇردۇم، خالاس!
داھى
بىلەن بىر مىللەتنىڭ مۇناسۋىتى قانداق بولىدۇ؟ بۈگۈنكى ئويغۇرلارنىڭ
نەزىرىدە داھىنىڭ قىممتى يوق. ئەمما، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ داھى بۇلۇش،
پىرىزدېنت بولۇش ئارزۇسى بار.
مۇبادا مىللەتنىڭ قەدىر - قىممىتى مەسىلسى، مىللەتنىڭ ئازاتلىقى مەسىلسى
بىز تونۇيدىغان داھىنىڭ نەزىرىدە بولمىغان بولسىدى، ئەخمەت ئىگەمبەردىگە
ئوخشاش بىر ئۆمۈر جاپا چەككەن داھى، خىلمۇ خىل توقۇنۇشلار ئىچىدە ئۆزىنى
تەربىيىلەپ يېتشتۈرگەن داھى، شۇ مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن شۇنچلىك جاپا
چەككەن بۇلارمىدى؟ ئەخمەت ئىگەمبەردى ئاۋۋال ئىنساننىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنگەن
داھى، ئاندىن چۈشىنىشكە ياردەم بېرىغان، شۇ ئىنساندا بولۇشقا تېگشلىك،
ماھىيەت پەيدا قىلغۇچى ئىھتىياجنى ۋۋجۇدىدا تەييارلىغان داھىدۇر.
ماددى پاراۋانلق يارىتىش ھوقۇقلىرى تارتىپ ئېلىنغان مىللەتنىڭ چەكلىمگە
ئۇچرىغان دىنى ئىدىيىلىرى، مىللەتچىلىك تۇيغۇلىرىنىڭ مىللى ئاڭ قاتلىمىغا
قاراپ تەرەققى قىلشى ئاستا - ئاستا، تەرتىپسىز، قانۇنىيەتسز، مۇۋازىنەتسز
بولامدۇ، - قانداق؟ ئستىخىيىلىك ھەرىكەتنى قىبلىنامە قىلغان ئىتنىك
تەركىبنىڭ ھەر قانداق ھەرىكتى قاچان ئىنقىلاب تەرەپكە تەرەققى قىلىدۇ؟ بۇ
ھال خىتاينىڭ مىللى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە
پەيدا بولغانمۇ؟ ئىشنىمەنكى، ئىنقىلاپ قوزغىلاڭ، نامايىش ھەرىكەتلىرى
ئاخىرى كۈرەشچان روھقا باي داھىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھامان بىر كۈنى رىئاللىققا
ئايلىنىدۇ. كېلدۇ، - بىر كۈن! داھى مىللى تۇقۇنۇشتىن پايدىلىنىپ جۈملىدىن
قورقۇنچلوق زوراۋانلىق ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىشنىڭ كېرەكلىكىنى
قۇمدەك چېچىلىپ تۇرغان مىللەتكە تونۇتىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق مىللەت
مەجبۇرىيىتىنىڭ، ھوقۇقىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ.
كۈتىمىز داھى ئەخمەت ئىگەمبەرى ئەپەندىم! 2004 - يىلى 11 - ئاينىڭ 20 -
كۈنى ۋاشىنگىتوندا سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتنىڭ پرىزدېنتلق ۋەزىپسىنى مەمنۇنىيەت
بىلەن قۇبۇل قىلدىڭىز. بىز سىزگە ۋەزىپىلا ئەمەس، بەلكى 20 - مىليونلۇق
مىللەتنىڭ ھۆرمىتى ۋە ھوقۇقىنى تەقدىم قىلدۇق.
مۇبارەكلەيمەن! تەبرىكلەيمەن، ئەخمەت ئەپەندى! جاسارەتلىك داھىنىڭ
ھەرىكەتلەندۈرۈشى، مىللى توقۇنۇش ئىچدە كۈچەيتىلگەن، مۇستەھكەملەنگەن مىللى
روھ ۋە مىللەتنىڭ قىممەت قاراشلىرى يېقىن كەلگۈسىدە ئىنىتايىن زور
ئۆزگىرىشنىڭ مەنبىئى بولۇپ قالىدۇ ۋە بولۇپ قالغۇسى!!!
شائىر ― ئەخمەت ئىگەمبەردى
ھەر
قانداق مىللەتنىڭ تۇرمۇشى ― ئەگەر شۇ مىللەت تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە بولغان
ياكى شۇ مىللەتنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتى يەنە شۇ مىللەتنىڭ تەسەۋۋۇر
بايلىقىنى ياراتقان بولسا، ئەدەبىيات شۇ مىللەتنىڭ تۇرمۇشىدا ناھايىتى
ئۇزاق دەۋرلەردىن باشلانغان بولىدۇ. يېزىق پەيدا بۇلۇشتىن ئىلگىرى،
ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتنىڭ پەيدا بولىشى يازما ئەدەبىياتنىڭ پەيدا بولىشىغا
زېمىن تەييارلاپ بەرگەن. مەسلەن: مىللەت ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائى
تەسەۋۋۇرى ئىپتىدائى دەۋرلەردە ئەپسانە ـ رىۋايەتلەرنى يارتىشتىن باشلانغان
ئەمەسمىدى؟ قىزىقى شۇ يەردىكى، ئەپسانە - رىۋايەتلەر يارتىلغان دەۋرلەردە
بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ «ئانا تېمسى» بەلگىلىنىپ بۇلغان بولىدۇ.
ئىپتىدائى دەۋرلەردە ئىنساننىڭ تۇرمۇشى ئىجتىمائىلاشمىغانلىقتىن تېخى
ئەخلاق چۈشەنچلىرى، ئىجتمائى ئەخلاق ئۇقۇملىرى پەيدا بولمىغان، يەنە قىزىقى
شۇ يەردىكى ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەردە «ئادىمىگەرچىلىك»، «ئىنسان تەبىئىتى»،
«كۆيۈمچانلىق » مەدھىلەندى. ئەكس ئەتتۈرۈلدى. ئەپسانە - رىۋايەتلەردە
يۇقىرىقىدەك تېمىلارنىڭ خاھىش سۈپىتىدە يورۇتۇپ بېرىلگەنلىكىدىن قارىغاندا،
بەلكى ئەخلاقنىڭ ئۈندۈرمىسى، بىخ ھالىتى تەبىئەت – ئىنسانغا ئاتا قىلغان
ئىقتىدارغا يوشۇرۇنغان بولسا كېرەك.
«كۆيۈمچانلىق»، «مىھرى ـ مۇھەببەت»، «ئىنسانپەرۋەرلىك»، ئادالەتنىڭ،
ئادالەتسىزلىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلشى ئەپسانە - رىۋايەتلەردە «ئانا تېما»
ئورنىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولسا، «ۋەتەنپەرۋەرلىك»، ئەپسانە - رىۋايەتلەردە
بارلىق «ئانا تېما»لارغا مەنبە مەسەللىك «ئانا تېما» ئورنىدا ئەكس
ئەتتۈرۈلگەن ئىدى.
مىللەتلەر بولىدىغانلا بولسا، شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئەدەبىي ھاياتى
بۇلىدىغانلا بولسا، «ۋەتەنپەرۋەرلىك» شۇ ئەدەبىياتتا «ئانا تېما» بولۇپ
كەلدى. شۇڭا، ئەدەبىياتتا «ۋەتەنپەرۋەرلىك»، «ئىنسانپەرۋەرلىك »،
«كۆيۈمچانلىق»، «باتۇرلۇق» تاشقى ئالەمگە تەتبىق قىلىندى ۋە تاشقى ئالەم
ھادىسلىرىدە يۇقىرىقىدەك مەنىۋى قىياپەتلەرنىڭ بولىشى تەلەپ قىلىندى.
مەن
ئەدەبىياتنى چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر ئادەم. مۇبادا ئادەم ئەقىل بىلەن
ھېسسىياتنىڭ يۇغۇرۇلما گەۋدىسى دېيىلدىغان بولسا، ئۇنداقتا، ھەر قانداق
ئادەم ئەدەبىياتنى چۈشىنىش ئىقىتدارىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ ئىقتىدارنىڭ
گۈزەللىكتىن زۇقلىنىش ۋە گۈزەللىك توغرىسىدا ئىستىتىزمكىلق ھۆكۈم قىلىشى
تەبىئى بولىدۇ. شۇڭا گۈزەللىكتىن زۇقلىنىش ۋە گۈزەللىك توغرىسدا
ئىستىتىزمكىلق ھۆكۈم قىلىشنى داۋاملق تەربىيىلەشكە توغرا كېلدۇ.
تەربىيىلىنىش مۇئەييەن دەرىجىگە يەتكەندىلا ئاندىن ئەدەبىيات ھادىسلىرىغا
ھەر جەھەتتىن يانداشقىلى بولىدۇ.
مەن
ۋەتىنىمدە قۇلۇمغا قەلەم ئالدىم. «تەنقىد - تەقرىز » ئۇقۇملىرىغا ياندىشىپ
ياكى «تەنقد - تەقرىز »نىڭ خەنجىرىنى ئېسىپ، ئەدەبىيات قەسرىگە كىرىپ
كەلگەن ئىدىم. ۋەتىنىم ئۇيغۇرىستاندا نۇرغۇن ماقالىلارنى يېزىپ، گېزىت -
ژۇرناللاردا ئېلان قىلدىم. بەزىلەر مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ: تەنقىد
ماقالىلىرىدا بەدىئىلىك بۇلامدۇ، - بولمامدۇ؟ دەپ سوئال قويۇشتى.
شۇنداق سوئال قويغان بۇ ئەپەندىلەر، تەنقىدنىڭ بەدىئىيلىكى
بولمايدىغانلىقىنى، ئەدەبىي تەنقىد پەقەت ئۇقۇم بىلەن ئىش كۆرىدىغانلىقىنى،
ئەدەبىي تەنقىد پائالىيىتىنىڭ پەقەت ئۇقۇملاشقان پائالىيەت ئىكەنلىكىنى
نەدىن بىلسۇن؟! ئوبزور تىلى، دەيدىغان نەرسىنىڭ ئۇقۇملاشقان تىل
ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلسۇن؟!
10
يىل بولدى ۋەتىنىمىىدىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدىن ئايرىلدىم. ھازىر
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھالى نىچۇك خەۋىرىم يوق.
بىراق بۇ ئەدەبىيات 50 يىل مابەينىدە مىللىتى ئۇيغۇرلارغا نېمە ئش قىلىپ
بېرەلىدى؟ ژۈندىكەش ماۋزېدۋڭ دەۋىرىدە: «ئەدەبىيات تۇرمۇشنى مەنبە قلىش
كېرەك»، - دېيىلدى. ئۇيغۇر ئەدىپلىرى تۇرمۇشنى ھەقىقى مەنىدە مەنبە
قىلالىدىمۇ؟ ئۇيغۇر ئەدىپلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تۇرمۇشىنى ئەمەس، بەلكى
خىتاي كوممۇنىستلىرى تۈزۈپ بەرگەن سىياسەتنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مەنبە
قىلدى. ماۋزېدۇڭنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى تەشكىللىگەن تۇرمۇشنى پاش قىلىش
ئەمەس، بەلكى مەدھىلەشنى بەدىئى مەقسەتكە نىشان قىلدى، «ئاچ قالدىم»،
دېيەلمىدى ئەدىپلەر! «قورسىقىمىز توق، توققۇزىمىز تەل»،- دېيىشتى ئەدىپلەر!
تۇرمۇشنى مەنبە قىلىش شۇنداق بولىشى كېرەكمىدى؟
بىراق ۋىژدان ۋە ئەخلاقنى ئادەمگە خاس جاسارەتنى ئۆزلۈككە تەئەللۇق، دەپ
بىلگەن، لاياقەتلىك ئادەم بۇلۇشقا تېگىشلىك خارەكتېرنى خىتايلارغا پۇلغا
سېتىۋەتمىگەن ئەدىپلەر، يازغۇچى، شائىرلار («تۈگۈمەس ناخشا» تېيىپچان
ئېلىيوپ)، («ئىز » ئابدۇرەھم ئۆتكۈر)، («كاككۇك گۈلى» مۇھەممەدجان
راشىدىن)، («قۇياش قەسىدىسى» ئوسمانجان ساۋۇت)، («ئانا يورت تىرولوگىيسى»
زوردۇن سابىر)، («خورەك»قاسىم سىدىق) قاتارلق شائىر، يازغۇچىلار، ئەپسانە -
رىۋايەت دەۋرلىرىدە بەلگىلەنگەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ «ئانا تېمىسى»
ۋەتەنپەرۋەرلىككە مۇراجئەت قىلدى.
ئەدەبىيات «ئانا تېما» ۋەتەنپەرۋەرلىككە ۋارىسلق قىلىدىكەن، سادىق
بۇلىدىكەن، «ئانا تېما» ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئەدەبىياتنىڭ تېماتىك
ئىدىيىلىرىنىڭ خىلمۇ خىل بولۇشىنى بەلگىلەپ بەرگەندىن باشقا، ھەر قانداق
دەۋردە ئەدەبىياتنىڭ تەرەققى قىلشى «ئانا تېمىغا» قانداق مۇئامىلە قىلىشقا
«ئانا تېمىنى» قانداق ئەكس ئەتتۈرۈشكە باغلىق بولۇپ قالىدۇ. «ئانا تېما
»ئۆز نۆۋىتىدە ئەدەبىيات (مىللى ئەدەبىياتنىڭ) ياكى ئەدىپنىڭ ئوسلۇبىنى
بەلگىلەپ قۇيىدۇ. «ئانا تېما»غا مۇناسۋەتلىك ئوسلۇپ يارىتالمىغان
ئەدەبىياتنى تەشۋىقات قۇرالى، دېيشكىلا بۇلىدۇكى، ئەدەبىيات دېيشكە
بولمايدۇ.
ـ
«ئانا تېما » مەسلىسى ئىدېئولوگيە مەسلسىمۇ ؟ شۇنداق، ماڭا قويىدىغان قارشى
پكرىڭىز بارمۇ ئەپەندىم؟
- ئەدەبىيات ئىدېئولوگىيىدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.
- شۇنداقمۇ ئەپەندىم!
- ئىدېئولوگىيە، دېگەن نېمە؟
- ئىدېئولوگىيە بىر مىللەتنىڭ ھاياتىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان
قۇرالدۇر!
بايروننى بىلمەن - ئىنسانپەرۋەرلىك، ئىنترناتسىئونالىزملق روھنى رۇمانتىك
ئەدەبياتتا بەدىئى مەقسەتكە ئايلاندۇرغان شائىر ئىدى.
تولىستوينى بىلىمەن ـ ئىنسانپەرۋەرلىكنى پروزا ساھەسىدە بەدىئى مەقسەتكە
ئايلاندۇرغان يازغۇچى ئىدى.
پۇشكىننى بىلمەن ـ ئىنسانپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى رىئالىستىك
ئەدەبىياتتا بەدىئى مەقسەتكە ئايلاندۇرغان شائىر ئىدى.
پابلىنىرودانى بىلمەن – جەمئىيەتنىڭ ئىجتمائى، سىياسى كېسەل ھالەتلىرىنى
لىرىك شېئىرلارغا مەنبە قىلغان شائىر ئىدى. يۇقىرىقى ئالەمشۇمۇل يازغۇچى ـ
شائىرلار ئەسەرلىرىدە بەدىئى مەقسەتكە ئايلاندۇرغان تېمىلار
ئىدېئولوگىيىلىك تېىمىلار بولماي نېمە ئىدى؟
-
ئەپەندىم، ماۋزېدۇڭنىڭ ماۋزېدۇڭچە ئىدېئولوگىيىسى بار ئىدى، ستالىننىڭ
ستالىنچە ئىدېئولوگىيىسى بار ئىدى. ئۇيغۇر بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن يۇ قىرىقى
ئىدېئولوگىيىلىك مەقسەتلەردىن يىراق تۇرسىڭىز، ئەلۋەتتە، ئالقىشلايمەن
ئەپەندىم!
ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيىسى مىللەتچلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن نېرى تۇرۇپ،
ئىدېئولوگىيە ئۈچۈن شېئىر يازمايمەن، ئەدەبىيات ئىدېئولوگىيىدىن يىراق
تۇرۇش كېرەك، دەپ نېمىنىدۇر شېئىر، - دەپ يېزىپ شائىر بولماقچى بولغان كىشى
ئاۋۋىلىدە ئۇيغۇر بۇلۇشتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. ئەدەبىياتنىڭ
ئىدېئولوگىيىدىن يىراق تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان كىشىنىڭ تەشەببۇسى
ئەمەلىيەتتە دەل ئىدېئولوگىيىلىك تەشەببۇستور.
يېقىندا كومبىيوتىر بەتلىرىدە «شېئىردا ئىدىيە بولمايدۇ»، دېگەن گەپلەرنى
ئۇقۇپ ھەيران قالدىم. بۇ نېمە گەپ؟ يەنە بۇ كىشى شائىر ئىكەن، ھەر قانداق
بىر كىشى بۇ كىشىنىڭ شېئىرلىرىنى چۈشەنمەسمش. بۇ كىشى «ئۈرۈمچى ئىپپىتىنى
ساتقان شەھەر»، دەپ ماۋزۇ قۇيۇپ شېئىر يېزىپتۇ. قۇيغان ماۋزوسىدا ئىدىيە
بولغان تۇرۇقلۇق يازغان شېئىرىدا ئىدىيە بولماسلىقى بۇ قانداق گەپتو؟! بىز
ھازىر ۋەتەنپەرۋەر ئنىقىلابچى ياشلارنى ئىزدەپ يۈرسەك، ئۇيغۇرلاردىن ئەقىل
ئىزدەپ يۈرسەك، ئەقىلغۇ ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا، ئەقىلغا قۇل بۇلۇش
سالاھىيىتىگمو ئىگە بۇلالمىغان بۇ ئادەملەرنى قانداق ئادەم دېگۈلۈك؟ بۇ
كىشىلەر ئېھتىمال «ئىنسانلار تەبىئىتىنىڭ ئاڭقا دەۋرى» دە ياشاۋاتقان
كىشىلەر بولسا كېرەك.
مەن
بۈگۈن، مىللەتچىلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك خىلمۇ خىل مسىرالاردا كۆيلەنگەن
شېئىر توپلاملىرىنى تېپىۋالدىم. شۇنداقلا ھازىرغىچە مەن كۈتۈپ كەلگەن
شائىرنىمۇ تېپىۋالدىم. بۇ شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى. بۇ شېئىرلار ئەخمەت
ئىگەمبەردىنىڭ شېئىرلىرىدۇر.
چىكىنىپ پىكىر قىلىمەن.
گېگىل: ياۋايى مىللەت ھېسسياتچان كېلدۇ، - دېگەن ئىدى.
سدىقھاجى روزى: «ياۋايى مىللەت شائىر بولودۇ»،- دەيدۇ. جۈملىلەرنىڭ
مەزمۇنىدا ھېچ قانداق پەرق يوق. بۇ يەردە شېئىر ھېسسىيات، ھېسسىيات،
شېئىر، - دېگەنلىكتۇر. چاكىنا ھېسسىياتنى قاپىيە - مىسرالارغا قاچىلاپ
يۈرگەن، يازغان كىشىلەرنى كىم، قاچان، قەيەردە شائىر، - دېگەن ئىدى؟
شېئىرنى ھېسسىيات ئپادىلەيدىغان ۋاستىگە ئايلاندۇرغان بۇ كىشىلەر
«چاچلىرىڭدىن ئايلىناي، قاشلىرىڭدىن قايرىلاي»، - دەپ قوشاق قوشۇپ يۈرسە،
ھازىرغىچە مىللىي ھېسسىياتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئايرىملىق ئىچىدە مىللىي
ھېسسىياتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئومۇملاشتۇرغاندا يەنە مىللى ھېسسىياتنىڭ
نېمە ئىكەنلىكىنى، شېئىرلاردا قانداق ئپادىلەش كېرەكلىكىنى بىلمەي يۈرسە،
بۇ كىشىلەرنى بىر توپ ياۋايىلار دېمەي زادى نېمە دېگۈلۈك؟!
پەيلاسوپلار، پىسخولوگلار ھېسسىيات بىلەن ئەقىلنىڭ مۇناسۋىتىنى، مەنىۋي
ھادىسىلىق ئالاھدىلىكىنى ھازىرغىچە تەتقىق قىلىپ كېلىشتى، ياكى ھېسسىياتقا
ئېتىۋار بېرىپ ئەقىلنى تاشلىۋەتمەي ياكى ئەقىلغا ئېتىۋار بېرىپ، ھېسسىياتنى
تاشلىۋەتمەي، ھېسسىياتقا تەئەللۇق نەرسىلەر يوشۇرۇن ئاڭغا مەنسۇپ بۇلدى.
ئىدراك ۋە ئەقلى تەپەككۇرغا مۇناسىۋەتلىك ھادىسلەر ئەقىل ياكى ئەقىلچىلىك
بولدى. بۇ ئىككى خىل ھادىسە سىياسەت، دىن، پەلسەپە، ئەدەبىيات قاتارلىق
ساھەلەردە ئوخشاشلا ئوبرازلق تەپەككۇر، ئابىستىراكىت تەپەككۇر شەكلىدە
مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بىر ئۇبېكت ئۈستدە ئىككى خىل تەپەككۇر شەكلىنىڭ پىكرى
مۇناسۋەتلىرى قانداق بۇلىدىغاندۇر؟ ئابىستىراكىت تەپەككۇر بىلەن ئوبرازلىق
تەپەككۇر ئەدەبىيات ساھەسىدە بىر - بىرىنى شەرت قىلامدىغاندۇ؟ بىلمەيمەن.
ئەمما ئوبرازلىق تەپەككۇر بىلەن ئابىستىراكىت تەپەككۇرنىڭ تەپەككۇر
جەريانىدا ھەمكارلىشالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ كازىرىر: «ئەگەر گۈزەللىكتىن زوقلانماقچى بولساڭ
سەنئەتكار بىلەن ھەمكارلىشىشىڭ كېرەك. سەنئەتكارنىڭ ھېسسىياتىغا ھېسداشلىق
قىلىپلا قالماي، سەنئەتكارنىڭ ئىجادى پائالىيىتىگە قاتنىشىشىڭ كېرەك. ئەگەر
سەنئەتكار بىزنىڭ سالاھيىتىمىزنىڭ پائالىيەت ئىقتىدارىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك
بىخۇتلاشتۇرالايدىغان بولسا، ئۇنداقتا، - ئۇ، بىزنىڭ گۈزەللىك تۇيغىمىزنىمۇ
مۇۋەپپىقىيەتلىك بىخۇتلاشتۇرالايدۇ. گۈزەللىكتىن تەسىرلىنىش - جانلىق
شەكىللەرنى تونۇش ئارقىلىقلا يەتكۈزەلمەيدۇ. چۈنكى گۈزەللىك مەلۇم ئالاھىدە
ھېسسىياتقا تايىنىپلا قالماي شۇنداقلا مەلۇم ھۆكۈم قىلىش كۈچى ۋە
نوقتىئىينەزەرلىك پائالىيەتلەرگىمۇ تاينىدۇ»، - دەيدۇ.
گۈزەللىكتىن زوقلىنىش يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەرگە تايىنىدىغان بولسا،
گۈزەللىك يارتىشمۇ يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەرگە تايىنىدۇ. يەنى گۈزەل
يېزىلغان بىر پارچە شېئىردىمۇ چوقۇم ھۆكۈم قىلىش كۈچى بولۇشى كېرەك.
ئۆتتى يىللار، قىساس ئۆلمەس، باقى ئەمەس زۇلمەت تۈن!
چىقار بىركۈن مەڭگۈ پارلاپ، خانتەڭرىگە چۆككەن كۈن!
شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى خىتاپ قىلدى! ھۆكۈم قىلدى! «خانتەڭرىگە پاتقان
كۈن»،- قايسى «كۈن» ئىدى؟ مۇستەقىللىق ئىدى! جاڭجېشى - ستالىن ئىككى دۆلەت
«مۇسكۋا يىغىنى» ئارقىلىق 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئۇيغۇرنىڭ
مۇستەقىللىقىنى پاتۇرىۋەتكەن، قەيەرگە؟ ئۇيغۇرنىڭ مۇستەقىللىقى ئۆرلەپ
چىققان زېمىن - خانتەڭرىگە پاتۇرىۋەتكەن.
مۇستەقىللىق، - بۇ، ئىشەنچ دېگەنلىكتۇر. كۈلكىلىك بىر ھادىسە شۇكى، بەزى
كىشىلەر خۇداغا ئىشىنەرمىش، ئەمما، ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا
ئشەنمەسمىش، بۇ قانداق مەنتىقە! ئۇيغۇرىستاننى تارىختا ھەرقانداق كۈچ
مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ بەرگەن ئەمەس. پەقەت شۇ دەۋرنىڭ ئۇيغۇرلىرى
قولىغا قورال ئېلىپ، قوراللىق كۈرەش يولى ئارقىلىق بۇ زېمىندا مۇستەقىللىق
جاكارلىغان! جاھانگىر دۆلەتلەر مۇستەقىللىق بۇ «كۈن» نى خانتەڭرىگە
پاتۇرىۋەتتى. مۇستەقىللىق جاكارلىغان مىللى روھمۇ خانتەڭرىگە پېتىپ كەتتى.
مىللى روھ پارتلاپ چىققان كۈن، - دەيدۇ شائىر شېئىرىدا، مۇستەقىللىمۇ
پارتلاپ چىقمامدۇ؟ شۇڭا، ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشەنگەن ئادەم ۋەتەننىڭ
مۇستەقىل بۇلىشىغا ئشەنگەن ئادەمدۇر، ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، ۋەتەننىڭ
مۇستەقىل بولىشىغا ئشەنگەن ئادەم، شېئىرى مىسرالاردا بۇ كۈننىڭ كېلىشىنى
ھۆكۈم قىلغان ئادەم - شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەمەسمۇ؟
تەبىئەت ھادىسلىرىنى شېئىرى مىسرالار ئارقىلىق سىمۋوللاشتۇرۇپ
ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت بەدىئى مەقسەتنى ئىپادىلەشكە قادىر بۈلالىغان
شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى «خانتەڭرىگە پاتقان كۈن»، - دەپ ھۆكۈم قىلغاندا،
ئەلۋەتتە، قۇياش يەنە خانتەڭرىدىن ئۆرلەپ چىققان بولمامدو؟ مەغرىپ بىلەن
مەشرىق ئوتتۇرىسدا پەقەت ئۇيغۇرستان - خانتەڭرىلا بار، - دېگەنلىك
بولمامدو؟ چۈنكى، قۇياش خانتەڭرىدىن چقىدۇ، يەنە خانتەڭرىگە پاتىدۇ، - دە!
قۇياشنى ئوبرازلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئېچىپ بېرىلگەن بۇ پىكىر، قالتىس
جۈرئەتلىك مۈبالىغە ئىچىدە ئېىچىپ بىرىلگەن پىكىردور.
بۇ
يەردە شېئىرنىڭ روھى بىلەن ۋەتەنپەرۋەر شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ روھى
جىپىسلىشىپ كەتكەن. شېئىرى گۈزەللىك ھېسسىياتقا ۋە ھۆكۈم كۈچىگە تايىنىپ،
زۇقلانغۇچىلار ئالدىدا نامايەن بولىدۇ.
قۇتۇپ يۇلتۇز يانماختا، ئاقارماقتا ئۇپۇقلار،
تاڭ
پەرىسى گۈل تۇتۇپ كېلەر بىر كۈن سۈبھى دەم.
قۇچاغىدا تەڭرىنىڭ سانسىز ئىگىز چوققىلار،
قەھرىمانلار قەۋرىسى چوققىلاردىن مۇئەززەم.
ھېسسىياتىمىز تاشقى دۇنيادا خىلمۇ خىل ھادىسلەر بىلەن دۇقۇرۇشۇپ تۇرىدۇ.
ئەمما، ئىنقىلابچى شائىرنىڭ ھېسسىياتى ئۆزگە ھېسسىيات بولۇپ، ھادىسلەرنىڭ
سىياسى قاتلىمىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، زەن سالىدۇ. بۇنداق زەن سېلىشنىڭ ئەھمىيىتى
نېمە بولىدۇ؟ شائىر شەيئىلەرنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەپ يۈرمەيدۇ، ھاجىتى
قانچىلىك؟ سوئاللار شېئىرى سەنئەت ساھەسىگە كىرگەندە بۇ سوئاللارنى
پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىمىز. چۈنكى، شېئىرىيەت ھادىسىلەرنىڭ سەۋەبىنى،
ماھىيىتىنى سۈرۈشتە قلمايدۇ. مەۋجۇتلۇق، تەبىئىيلىك، شەيئىلەرنىڭ
تەجرىبىلەر ئىكەن، خاسلىقنىڭ كەينىدىن شائىر شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ شەكلىنى
تۇيۇقسىز بايقاپ قالىدۇ. بۇ شەكىللەر جىمجىت تەركىبلەرنىڭ تەركىبى ئەمەس،
چۈنكى بۇشەيئىلەر ئاشكارىلىغان نەرسە ھەرىكەتنىڭ تەرتىپىدۇر. بۇ تەرتىپ
بىزگە تەبىئەتنىڭ «يېڭى ئۇپۇق» سزىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەندە، خانتەڭرىنىڭ
چوققىلىرى، قەھرىمانلارنىڭ قەۋرىسىگە سېلىشتۇرما بولۇپ قالىدۇ. قەۋرىلەرنىڭ
مەنىۋى قىممتى، ئەخلاق قىممىتى، مىللىي ئىرادىلىك قىممىتى، «چوققىلاردىن
مۇئەززەم » يۈكسەك تۇرىدۇ. ئۆلۈم! ياكى كۆرۈم! شائىر، ئىنسانلار
جەمئىيىتىنىڭ ئاخىرقى چەك - چېگىرىسىنى بەلگىلەپ بەرگەن.....!
ھاياتلىق كۈرەش - مۇستەقىللىق - تۈلىگەن بەدەللەر - كۈرەش! شائىر تەسۋىرى
مىسرالار ئارقىلىق ھاياتلىق ھەرىكىتىنىڭ تەرتىپىنى ئېچىپ بەرگەن.
شېئىرىيەتنى، ھاياتنى ياخشى كۆرىدىغان، سەنئەتنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەر
- سەنئەت تۇرمۇشنىڭ ئايرىم تولوقلىمىسى ياكى گۈزەللەشتۈرۈلگەن نەرسە،
دېيشىدۇ. بۇنداق، - دېگۈچىلەر شېئىرى سەنئەتنىڭ ھەقىقى رولىنى ۋە ھەقىقى
ئەھمىيىتىنى چۈشەنمىگەن كىشىلەردۇر. شېئىرىيەت بىر ئىنسان روھنىڭ، بىر
ۋەتەنىپەرۋەر روھنىڭ، ياكى شائىر روھنىڭ شېئىرى مىسرالار ۋە تەسەۋۋۇر
ئارقىلىق شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن شەكلەن ھالەتتۇر. ئەگەر شېئىرىيەتنى -
ئىدىيىلىرىمىز، تەسەۋۋۇرىمىز، غايىلىرىمىز، ھېسسىياتىمىزنىڭ ئالاھىدە
خاھىش، ئالاھىدە يېڭىچە پوزىتسيەسى، - دەپ قارىمايدىكەنمىز، شېئىرى
سەنئەتنىڭ ھەقىقى ئەھمىيىتىنى ۋە ئىقتىدارىنى ئىگەللەپ كېتەلمەيمىز.
شېئىر ۋۇجۇدىمىزدا بار بولغان، لېكىن غۇۋا - تۇتۇق بولغان
تەسىراتلىرىمىزنىڭ چەكسىز مۇمكىنلىكىنى ۋە مىللىي ئۆچمەنلىكمىزنىڭ
رىئاللىققا ئايلانغۇچى چەكسىز مۇمكىنلىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ. سىياسىي لىرىك
شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى شۈنداق ئېچىپ بەرمىدىمۇ؟
كېچە
- كۈندۈز ئىشەنچىتە كۈتەر مەھبوس ئايالى،
ئۇزۇن يىللار ئايرىلغان يار يولىغا قارايدۇ...
پەلەك سالدى جۇدالق يارى كەتتى يىراققا،
يىغلاپ قالدى ياش ئانا كىم ئۇلارغا قارايدۇ.
كەچكۈزدىكى غازاڭدەك ئۇچتى ئاھۇ - پەريادى،
پەلەك زۇقۇم يەتكۈزدى ھەرتەرەپكە پالايدۇ.
خۇشلىقى شۇ يېنىدا بىر جۇپ گۈلى ھەمدەملىك،
ئۇلار ئۇچون نان ئىزدەپ، ئىشلەپ زادى ھارمايدو.
روزىغار غېمى، خورلاشلار يىڭەلمەس ئانىنى،
ئايال ئەمەس ئۇ بىر مەرت ئەرەنلىككە يارايدو.
ناممۇ ئالدى «مەھبۇسنىڭ ئايالى »، دەپ شۇ يىللار،
ئاشۇ
نامدىن زوقلىنار ھەرگىز ئۇندىن تانمايدۇ.
ۋەتەننى،- دەپ يار كەتتى سۈرگۈن بولۇپ تارىمغا،
يار
ئىشقىنى چىڭ ساقلاپ، چاچلىرىنى تارايدۇ.
بۇسۇغىسى كۆرمىدى يات ئاياقلار ئىزىنى...
يار
سۆيگۈسى دىلىدا گۇيا كۈندەك پارلايدو.
تۇنجى ئۇچۇش، ۋەدىلەر يارنىڭ ھىدى دىماقتا،
ئۆتمەي گۇيا ئىپاردەك گۆپۈلدەيدۇ - پۇرايدۇ.
ناگان - ناگان چۈشىدە كېلەر يارى ئىشىككە،
ئۇنى
مەھبۇس ئايالى گۈل - چېچەككە ئورايدۇ.
بەزەن ھېيتتا - بايرامدا ئۆكسۈپ ئاچچىق ياش تۆكەر،
چۈنكى ئۇنىڭ باللىرى دادىسىنى سورايدۇ.
چوقۇم كېلەر،- دەيدۇ ئۇ قەددىنى رۇسلاپ ھەردەمدە،
شەك
– شۈبھە يۇ - گۇماننىڭ يوللىرىنى تورايدۇ.
لېكىن ئازاپ، قايغۇلار يۇتتى قەيسەر يىگىتنى،
ئۇنىڭ مىسكن قەۋرىنى قۇملار كۆچۈپ ئارىلايدۇ.
قۇچۇپ ياتار باغرىغا شۇ مۇقەددەس دىيارنى،
ئۇنىڭ روھى ھەر سەھەر يورۇق تاڭنى چىللايدۇ.
كېچە
- كۈندۇز ئىشەنچتە كۈتەر مەھبۇس ئايالى،
ئۇزۇن يىللار ئايرىلغان يار يولىغا قارايدو...
شۇنداق....! تالاي يىگىتلەر... جۇگانلار... يېتم قالدى نارىسىدىلەر! ھەممە
نېمە ئۈچۈن؟ ھەممىسى ۋەتەن ئۈچۈن. بو شېئىردا ھېسسىياتنىڭ چىنلىق دەرىجىسى
كىشىنى شۇ دەرىجىدە قايىل قىلىدۇكى، شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى شۇ كۈنلەرنى
ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەن ۋە شۇنداق تۇرمۇشنىڭ تەمىنى، ئاچچىق - چۈچۈكىنى
تېتىپ باققان. شائىر، بۈگۈن تۈرمىدە بىللە ياتقان ئەتىسى ئۆلۈم جازاسى
بېرىلىپ ئېتىۋىتىلگەن سىياسىي مەھبۇسلارنى ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەن شائىر
ئەمەسمىدى؟ يىگىت كەتتى... ئانا يارنى قۇچاغلاپ ياتتى. جۇگان ئانا
كۈتمەكتە....! قانچىلغان جۇگانلار كۈتمەكتە... يارى بىلەن قۇچاقلىشىپ
كۈرىشىدىغان ھېلىقى تاڭنى كۈتمەكتە...!
يوللار ئۇزۇن، مەنزىل يىراق. ئەگەر ئادەم ماڭىدىغانلا بولسا، مەنزىلگە
يېتىپ بارالايدۇ. ئادەم ماڭىدىغانلا بولسا، مەنزىلنىڭ مۇساپىسى ئۇزارمايدۇ،
بەلكى قىسقىرايدۇ. يىگىت ماڭدى، يېرىم يولدا شەھىد بولدى. قەۋرىسىنى قۇملار
ئارىلاپ تۇرۇپتو. جۇگان كۈتمەكتە... بۇ يولدا يەنە ماڭىدىغانلارنى
كۈتمەكتە... ماڭىمىز يىگىت! بۇ يولدا ماڭىمىز جۇگان خېنم! مۇستەقىللىق
ئۈچۈن بۇ يولدا توختىماي ماڭىمىز!
بۇنداق شېئىرلار قانداقتۇر تۇرمۇشنىڭ ئاددى تولۇقلىمىسى بولماستىن، بەلكى
باقى ئالەم ۋە پانى ئالەم ئوتتۇرىسىدىكى ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنزىرىسىدۇر.
بىز
تەسىراتلار ئالەمىدە ياشاپ تۇرغىنىمىزدا كۆپىنچە شەيئىلەرنىڭ يۈزەكى
قاتلىمىغا نەزەر ئاغدۇرىمىز، بىراق، شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى شەيئىلەرگە
شائىرانە دىل بىلەن نەزەر تاشلايدۇ، قۇرۇلۇش خارەكتېرلىك، تىرىشچانلىق
كۆرسىتىپ، ھاياتنىڭ سوئاللىرىغا تولۇق تۇرمۇشنىڭ سياسى تەرىپىنى ھەم شېئىرى
ھەم مىللى ھېسسىيات بىلەن ئىپىكىلىق - لىرىك شېئىر شەكلىگە كەلتۈرىدۇ.
شائىرنىڭ بەدىئى ئىقتىدارى مىللى ھاياتنىڭ بىردەكلىك تەرىپگە قاراپ ھەرىكەت
قىلدۇ. شائىرنىڭ ھېسسىياتى مىللىي ھاياتنىڭ ئوخشاشلىق تەرىپىگە قاراپ
يۆتكىلىدۇ. يىگىتكە، جۇگانغا ۋە شېئىرنى ئوقۇغان بىزلەرگە مىللىي ھاياتنىڭ
بىردەك قىياپىتىنى تەقدىم قىلدۇ. بۇ شېئىر شائىرنىڭ سەنئەتلىك ئىقتىدارى
ئارقىلىق بىرخىل «ئۇقۇم قاتلىمى» «ۋەتەن »گە ئىگە بولغان بولسا، شۇنداقلا
نۇقۇل لىرىكلىق ئوبراز قاتلىمىغا ئىگە بولىدۇ. ۋەتەن نېمە؟ مەن نەزىرىۋى
تىل بىلەن ئېچىپ بېرشكە قادىر بولسام، شائىر شېئىرى تالانت ئارقىلىق ئېچىپ
بېرىدۇ. شېئىرنىڭ ئۇقۇم قاتلىمى بىزنىڭ (نەزىرىيىچىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە
يوشۇرۇن قاتلاملىق شەيئىلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدو.
بىز ئىلمى - نەزىرىيە ساھەسىدە «ۋەتەن» دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئۇجۇر - بۇجۇرىغىچە
يېتىپ بېرىپ «ۋەتەن» توغرىسىدا قانۇنىيەت - قائىدىلەرگە ئېرشسەك، شائىر
ھادىسىلەرنىڭ ھېسسىياتلىق كۆرىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىزنى ھەسرەتلىنىشكە،
قايغۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ. شۇڭا، بۇ يەردە شېئىرىيەت بىرخىل بىلىم ئاتالسمۇ،
بەلكى باشقا شەكىللىك بىر خىل بىلىم - دەپ ئاتالسىمۇ بۇلۈۋېرىدۇ. بارلىق
گۈزەللىك،- بۇ چىنىلقتۇر.
بىز
يۇقىرىدا سەنئەتكارنىڭ ئىجادى پائالىيىتىگە قاتنىشىشىڭ كېرەك،- دېگەن
ئىدۇق. شۇنداق بولدى. مەن شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ يۇقىرىقى شېئىرىغا
ھەسرەتلىك دىل بىلەن قاتناشتىم. نامسىز قەھرىمانىمىز ۋەتەن ئازاتلىقى
يولىدا شەھىد بولغان كىشى، ئۆزىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەددى - ھەرىكىتى
ئارقىلىق قاتناشتى. ئىككى بالىسىنى يېتلىگەن جۇگان - يىگىتنىڭ يولدىشى
«كۈتۈش» بىلەن قاتناشتى. ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەممىمىز ئورتاق
سادا – ۋەتەنپەرۋەرلىككە قۇلاق سالدۇق. كۆڭۈل بۆلدۇق. ئۆزىمىزنى
بېغىشلىدۇق. شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى ھەممىمىزنى «ھەمدەرتلىك تەسەۋۋۇر»
ئىچىدە بىر تەنگە، بىر جانغا ئايلاندۈردى. شېئىرى گۈزەللىكنىڭ ھەقىقىتى بۈ
يەردە شەيئىلەرنى نەزىرىۋى تەسۋىرلەپ بېرىش ئارقىلىق ئېچىپ بېرىلمىدى،
بەلكى شېئىرى گۈزەللىك، «ھەمدەرتىلىك تەسەۋۋۇر» ئىچىدە ئېچىپ بېرىلدى.
شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى مەقسىتىگە ئېرىشكەن بولدى، نەزىرىيە ۋە
گۈزەللىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل ھەقىقەت قارىشى بۇ يەردە بىر - بىرىگە
ئوخشىماي قالدى. لېكىن ھەرگىز بىر - بىرىگە قارشى زىددىيەتلىك بولۇپ
قالمىدى. چۈنكى، بۇ يەردە شېئىرى سەنئەت بىلەن ئىلمى نەزىرىيە بىر - بىرىگە
تۈپتىن ئوخشمايدىغان تەكشىلىكتە ھەرىكەت قىلدى. شۇڭا، زىددىيەتلىك قارىمۇ
قارشى بولماي قالدى. «ئۇقۇم قاتلىمى» ۋە «ئوبراز قاتلمى» دېگەن سۆزلەرنىڭ
مەنىسى شۇنداقتۇر.
زالىم پەلەك كۆزلەردىن ئاققۇزدى قان بىر كۈنى،
شۇندىن باشلاپ ماكانىم بولدى زندان بىر كۈنى.
مىڭ
دوزاخنىڭ ئازاۋى دۇچ كەلسىمۇ زىنداندا،
باش
ئەگمىدىم جاللاتقا سۆزلەر ۋىژدان بىر كۈنى.
ئەركىنلكتۇر شۇئارىم، چاچتىم ئوتلۇق ئۇچقۇنلار،
بۇ
قاراڭغۇ زېمىندا يانار گۇلخان بىر كۈنى.
نېسىپ بولار يا بولماس تاڭ جلۋىسىن بىر كۆرمەك،
نېمە
ئارمان تاڭنى، - دەپ بولسام قۇربان بىر كۈنى.
كۆمۈلسەممۇ تۇپراققا روھىم كېزەر شاتلىنىپ،
ئازات ۋەتەن باغرىنى گۈلى خەندان بىر كۈنى.
شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ مىسرالىرى ئاددى، ئەمما، ھاياتنىڭ مۇرەككەپ
قاتلاملىرىنى ئېچىپ بەرگەن، ئپادىلەش جەريانىدا شائىر ئۆزىگە، سىياسەتكە ۋە
متافىزىكىلىق كۈرەشكە تاينىدۇ دە، تايىنىش شائىرنى ئپادىلەشكە قىستايدۇ.
ئادەم ئۆزى بىلەن كۈرەش قىلغاندا (ئىچكى ئالەمىدە) تاشقى دۇنيا بىلەن كۈرەش
قىلغاندا كۆپ ھاللاردا دارۋىن ئېيتقاندەك كۈرەش قاتلىمىغا دۇچ كېلىپ
قالىدۇ. بەلكى ئۇيغۇر بۈگۈن شۇنداق كۈرەشكە، مۇھىتقا كىرىپ قالدى. خىتايغا
ماقۇل بولۇپ باش ئىگىپ قۇل بولۇش ياكى خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىپ ھالاك
بولۇش ياكى غەلىبە قىلش - ئەركىنلىك، ئۆزگەرمەيدىغان مۇقەررەر كۈرەشنىڭ
قانۇنىيەتلىرىگە دۇچ كەلدى. ئەبەدى تاللىغۇچى ئىچكى ھېسسىيات، بۇرۇختوملۇق
ئىچدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان رىئاللىققا دۇچ كەلدى. پەقەت ئىنساننىڭ روھى، ھەر
قانداق سودىلىشىشنى رەت قىلىپ، مۈرەسسەگە ئىشتتىرگۈچى ھەر خىل مۇھىتقا
قارشى، ئۆزىنىڭ جاسارىتىگە ۋە چىدام غەيرىتىگە، بىلىملىرىگە، ئەقىل بىلەن
تەجرىبەلەشتۈرۈلگەن كۈرەش سەنئىتىگە تايىنىپ كۈرەش قىلىدىغانلا بولسا، ھەر
بىر ھەقىقى ئۇيغۇر بۇ كۈرەشتە غەلىبە قىلالايدۇ.
«بىر
كۈنى» ماۋزۇلوق شېئىرنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. ئادەم شۇنداق ياشىغاندىلا، ئادەم
ۋەتەنپەرۋەر شائىردەك ياشىغاندىلا، بۇ ئادەم بۇ كۈرەشتە يىڭىپ چىقالايدۇ ۋە
ئۆزىنىڭ تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بولالايدو. ھەقىقى ئادەم ھەقىقى ئىنسان روھى
بىلەن ياشايدۇ. مىللەتنىڭ ئستىقبالىدىن قايغۇرىدۇ. ساختىپەز ئادەم ئۆمرىنىڭ
ئاخىرىغىچە «شەرەپلىك ساختىپەزلىك »ئىچىدە ياشايدۇ.
جۈرئەتلىك ئادەم مىللىتىنىڭ ئستىقبالى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىدو. شېئىرى
تەپەككۇر قىلدۇ. نەزىرىۋى تەپەككۇر قىلىدۇ. بىراق، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ
تەپەككۇر قىلىشى ناھايىتى ئاز ساندىكى ئادەملەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى.
تارىختا ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەسى تەپەككۇر قىلمايدىغان مەنبەدىن باشلانغان ئىدى.
ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى يەنە شۇ مەنبە ئىچىدە ئاخىرلىشىشى كېرەكمو؟؟؟
شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى، ياق! دەپ جاۋاب بەردى! 2005 - يىلى 3 - ئاينىڭ
15 - كۈنى ماڭا ئەڭ خۇشاللىق بىر كۈن بولدى. ئايالىم رابىيە قادىرنى خىتاي
ھۆكۈمىتى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىىپ، ئامېرىكىغا كېلش ئۈچۈن بيجىڭدە
ئايروپىلانغا چىقتى.
ئىككىنچى خوشاللىقىم ئۇستازىم توغرىسىدا يېزىلىدىغان ماقالەم يېزىلىپ
پۈتتى. بۈگۈن ۋاشنگىتون ۋاقتى ئۈچتىن كېيىن ئايرۇپىلاندا ئولتۇرغان خېنىم
رابىيەنى ئويلاپ ئولتاردىم. بىراق، قەلەم توختىمدى. تىترەپ تۇرغان قولۇم
بىلەن ئۇستازىم توغرىسىدا ماقالەمنى يېزىپ پۈتتۈردىم.
مەن
نېمە دېگەن بەخىتلىك ئادەم!
ئاللاھ ئەجر قىلغۇچىنىڭ ئەجرىنى يەردە قويمايمەن،- دېگەن ئىدى.
بىر
مۇساپە ئاخىرلاشتى، ھاياتنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى.
غەيرەت قىل؟ سدىقھاجى رۇزى
2005
- يىل 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ۋاشىنگتون
ئالدانغان ئۈمىد
(1953- 1957 - يىللار)
كۈز
ھـــاۋا تــۇتــۇلۇپ، بـۇلـــۇتـلار ئـــۈزۈپ،
يامغۇر يېشىننى باشلاپ كەلدى كۈز.
ئــــېــتــىــزلــىقــلاردا بۇغداي ئــــورۇلـــــۇپ،
پــەقــەتـــلا قالدى دالـــــىلار تــۈپتۈز.
«قۇۋ
– قۇۋ» دېيىشىپ قاقىرلار ئۇچۇپ،
كەتمەكتە بۈگۈن ئىسسىق ياقلارغا.
خۇددى ئـــەسكەردەك قاتار تــىزىــاــىپ،
قانات قېـقىپتــۇ شــــۇ يـــىراقـــلارغــــا.
قــۇرۇت، قــوڭغــۇزلار ئــــالدىـــراش شـۇدەم،
كۈزنىڭ ســوغىدىن دىرەك بــەرمــەكتە.
تــىكەنلىك كىرپـە قىـشنىڭ غېمىن يەپ،
يوتقانلىق ئۈچۈن غازاڭ تـــەرمـــــەكتە.
سوغاق دەستىدىن دەرەخ بىچارە،
بېشىنى ئىگىپ پىچىرلىشىدۇ.
دولقۇندەك ئۇرغان كۈزنىڭ شامىلى،
ئاجىز دەرەخنى غىچىرلىتىدۇ.
غۇيۇلداپ ئۇچقان كۈزلۈك شاماللار،
كېلىپ ئۇرۇدۇ خۇددى دولقۇندەك.
سوغنىڭ دەستىدىن كەڭ دالىلارمۇ،
بولۇپتۇ ئاپپاق قەغەز يايغاندەك...
ئالەم ھۆكمى شۇ - پەسىللەر مىھمان،
كۈزنىڭ كەينىدىن ئاپپاق قىش يېقىن.
مەيلى قىش، يېزى ماڭا بىر جەننەت،
ھەممىدىن قىممەت بۇ ئانا زېمىن.
1953
– يىل 14 – ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى
ئۇزىتىش
قۇياش نۇر چاچقان يېشىل دالىدا،
باھار شامىلى چىمەننى سۆيگەن.
قول
تۇتۇپ قاتار باراتتى شۇندا،
ئىككى ياش يۈرەك ھېسلارغا چۆمگەن.
ئۇزاقتىن – ئۇزاق تويماي تىكىلىپ،
قارار ئىدى قىز يىگىت كۆزىگە.
يىگىت يېزىدىن بۇ دەم ئايرىلىپ،
باراتتى ئۇلۇق ئارمىيە سېپىگە.
«ئاقبوز ئات» كىشنەپ، چۇلۋۇرنى سىلكىپ،
ئەركىلەپ كېلەر يىگىت ئىزىدىن.
سويگۈ قىسسىسى كۆپ داۋام قىلىپ،
توختىدى يىراق بېرىپ يېزىدىن.
«خوش
ئامان قالغىن، سويگىنىم رەنا»
―
دېدى، ئۇ يىگىت يارىغا قاراپ.
گۈزەل ياشلىقنىڭ ئوتلۇق ھېسلىرى،
ئوت
بولۇپ ئۇنىڭ بويىغا تاراپ.
«كۈتكىن ئامرىغىم، كۈتكىن سەن مېنى،
غەلىبە بىلەن قايتىمەن بىر كۈن.
ئانا
ۋەتىنىم تاپشۇرغان ئىشنى،
شان-
شەرەپ بىلەن بېجىرىپ پۈتۈن.»
شۇ
سۆز بىلەن تەڭ كۆزلىرى يېنىپ،
يىگىت باغرىغا باستى يارىنى.
كىرپىك قاققىچە ئۆتكەن تاتلىق دەم،
چېرتىپ ئۆتتى شوخ يۈرەك تارىنى.
«باتۇر بول جىنىم، ۋەتەننى قوغداپ،
كەلگەندە كۆرەي كۆكسۈڭدە مىدال.
مەنمۇ ئىشىمدىن ئۇنچىلەر تىزىپ،
ئالدىڭغا چىقاي گۈل تۇتۇپ خۇشال.»
سۆزىنى ئېيتىپ تەبەسسۇم بىلەن،
قىزىل ياغلىقنى بەردى يارىغا.
يېزىلدى قىزنىڭ ئۆتكۈر سۆزلىرى،
جەسۈر يىگىتنىڭ يۈرەك باغرىغا.
ئاخىرقى قېتىم يارغا قول بېرىپ،
يىگىت خوشلىشىپ مىندى ئېتىغا.
ئۇزۇتۇپ ئاستا قول پۇلاڭلىتىپ،
ئامرىغى قالدى يېزا چېتىدا.
«ئاقبوز ئات» ئۇچۇپ كەتتى يىراققا،
بۇ
يولدا جۇپ- جۇپ ئەجەپ ئىز قالدى.
چۆمۈپ يالقۇنلۇق ھېس ۋە پۇراققا،
كۆزى
مۆلدۈرلەپ گۈزەل قىز قالدى.
1955
ـ يىل، ئۈرۈمچى
قىش
قار
لەپىلدەر سامادا چەكسىز،
ئۇچقۇنلىرى كۆكنى قاپلىغان.
دالا
بويلاپ قالدۇرغان بىر ئىز،
نەگە
باقساڭ ئاپپاق داستىخان.
تاغ-
ئىدىرلار ئاپپاق تون كىيىپ،
كۈمۈچ تۇمان قۇچىغىدا مەس.
باشنى قويۇپ، گەۋدىنى كېرىپ،
شىرىن ئۇيقۇ كۆزىدە پەۋەس.
دەرەخزارلىق ئاق ياغلىق ئارتقان،
تال-
تال چاچلىق ئاپپاق بېشىغا.
شىرىن زوۋىقتا خىيالغا پاتقان،
شاتلىغى بار پىچىرلىشىدا...
كۆك
پەرىسى مامۇق يۈزىنى،
ئاق
ئۇپپىدا يۇيىدۇ بىغەم.
كەڭ
دالىغا يېيىپ تورىنى،
ئاق
ئىپەكتىن توقۇيدۇ گىلەم.
تەبىئەتنىڭ نازۇك تۇيغۇسى،
تۇمار بولۇپ پۈكۈلەر دىلغا .
شوخ
يۈرەكنىڭ سۆيگۈ رىشتىسى،
چىگىلگەن شۇ ھەر غالىپ يىلغا.
يۈرەكلەردە ئۈمىد گۈللىرى،
ھەر
تاڭ بىلەن بىرگە ئېچىلغان.
كىچە
ئەمەس ئۆلكە تۈنلىرى،
كۆك
يۇلتۇزى يەرگە چېچىلغان.
شۇ
شاتلىقنىڭ ئەكسى جىلۋىسى،
قەلبىم ئارا شۇنچە يايرايدۇ.
تاشقىرىدا قىشنىڭ شامىلى،
دەرىزەمنى چېكىپ سورايدۇ.
«نېمە مۇنچە سەبى بالىدەك،
ئانا
يەرنىڭ يۈزىدە كۈلكە.
شاتلىق كېزەر يېشىل باھاردەك،
شۇنچە خۇشال بۇ گۈزەل ئۆلكە؟
قىشقۇ ھازىر دەھشەت زىمىستان،
قار
ئايلىنار، پىقىرار قۇيۇن.
ئادەملەرچۇ؟ ھېچ چەكمەس پۇغان،
قىش
مىسالى ئۇلارغا ئويۇن.
مەن
ئۆتكەندىم تالاي سىردىشىپ،
قىش
بوزىكى – شۇ غەمكىن يەرگە.
قار
ياغاتتى ئۆلۈم چىللىشىپ،
چىقىراتتى دەھشەتلىك شەپە.
ئەمدى باقسام قىشلار باشقىچە،
ئېيتقىن يىگىت شۇڭا قەلبىم لال؟»
جاۋابىممۇ شاتلىققا يولداش،
ئاڭلا سۆزنى، ئەي مەغرۇر شامال.
بۇ
ئۆلكىدە يىلدا تۆت پەسىل،
ھەر
بىر پەسلى باھاردىن قالماس.
كۈنلەر يورۇق شۇنچىمۇ ئېسىل،
بىر
قۇياش بار نۇرى ھېچ سۇنماس.
كۆكتە قۇياش گاھى پاتىدۇ،
ئالتۇن نۇرى توسۇلۇپ داغدا.
بىر
قۇياشنىڭ نۇرى ئاقىدۇ،
دىل
سېغىنسا مەيلى ھەر چاغدا.
شۇڭا
قەلبىم باغلىرى چىمەن،
ئۇندا ياغماس لەپىلدىگەن قار.
شۇ
ئۆلكىدە كۈلۈپ ئۆتىمەن،
قىشلىرىمۇ ماڭا بىر باھار.
1957
– يىل يانۋار، ئۈرۈمچى
گۈلچى قىز
يۈرەك ئوينار شاتلىقتىن تېشىپ،
كۆزلىرىمدە سۆيگۈ ئۇچقۇنى.
تارتتى شۇ چاغ ئالدىمدا يېنىپ،
مۇھەببەتنىڭ يورۇق چولپىنى.
نۇرى
شۇچاغ پارلاپ قەلبىمدە،
دىل
رىشتىنى چالاتتى ئويناپ.
شۇ
چولپاننى ئەسلەپ دىلىمدە،
كىردىم باققا ئېرىقنى بويلاپ.
بۇ
گۈزەل باغ گۈللەرگە تولغان،
باھارلارنىڭ كىيىپ ھۆسنىنى.
ئەنە
بۇلبۇل گۈللەرگە قونغان،
كۆيلەر باغنىڭ گۆزەل كۆركىنى.
كۆزۈم مەپتۇن، قەلبىم گويا مەست،
قاي
گۈل ياخشى ۋە يۈرەك خىلى؟
گۈللەر تۇرار ئېچىلىپ پەۋەست،
گۈلنى ئۈزمەك كۆڭلۈمنىڭ سىرى.
قول
ئۇزاتتىم نازۇك شېخىغا،
ئۈزمەك بولۇپ غۇنچىدىن بىرنى.
چىقتى بىر قىز گۈلدەكلا گۈزەل،
ئالغان ئىكەن گۈلنىڭ ھۆسنىنى.
قۇلىقىغا قىزىل گۈل قىسقان،
ئەمدى بىلدىم گۈلچى قىز ئىكەن.
«توختاڭ،- دېدى تەبەسسۇمدا قىز،-
قولىڭىزغا كىرمىسۈن تىكەن.
ھەر
بىر يۈرەك گۈلگىغۇ ئاشنا،
بىلىش كېرەك گۈلنىڭ قەدرىنى.
تەرلەر تۆكۈپ، مىداللار تاقاڭ،
تېتىپ كېلىپ مىھنەت ئەجرىنى.
شۇندا بېغىم سىزگە كەڭتاشا،
بىر
جەرەندەك ئۆتىسىز يايراپ.
مەن
قىزىل گۈل، سىز بۇلبۇل گۇيا،
كۈنلەر ئۆتەر خوش بولۇپ سايراپ.»
قىز
سۆزلىرى ئويغان نەقىشتەك،
گۈللەر تېرىپ قالدى دىلىمدا.
قىزنىڭ شەرتى تۇرار ماياكتەك،
قىيىق بولۇپ ئۈزۈپ قېنىمدا.
گۈدۈك چېلىپ ھەرتاڭ، ھەر سەھەر،
ۋۇجۇدۇمنىڭ ئاتاپ بارىنى.
مىدال تاقاپ بىر كۆرسەم دەيمەن،
گۈلچى قىزنىڭ ئاي دىدارىنى.
1957
– يىل 7 – ئاپرىل، ئۈرۈمچى
ۋەتەن ئىشقىدا
(1957 ـ 1961 ـ يىللار)
... يوللار، يوللار
يوللار، يوللار سۆيگەن ئېلىمدىن،
ئايرىۋەتتىڭ مېنى ئۇزاققا.
بىراق نامى چۈشمەس تىلىمدىن،
يۈرەك يانار ئىشقى پىراقتا .....
1957
– يىل 25 – ئاۋغوست ياركەنت – قازاقىستان
تۇرنىلار ئۇچقاندا...
تۇرنا – تۇرنا قاتار تىزىلىپ،
قاياقلارغا سەن قىلدىڭ پەرۋاز؟
يۈرۈكۈمدە قالدى يېزىلىپ،
سېنىڭ سوغاڭ – خوشال بىر ئاۋاز.
ئاۋازىڭدىن تايلىقلا ئۇقتۇم،
غازاڭ تاشلاپ كەتتىڭ بۇ يەردىن.
ئېلىم تەرەپ كەتتىڭ جەنۇپقا،
«سالام!» ئېيتقىن ئېلىمگە مەندىن.
ۋاقىرساممۇ ئاۋازىم يەتمەس،
تەلمۈرۈپلا قالدىم شۇ كۆككە.
خىيالىمدىن ھېچ ئېلىم كەتمەس،
مۇھەببىتى يانار يۈرەكتە.
قانات قېقىپ چىمەنزارلاردىن،
كۈيلىرىمنى قوشاق قىلىپ ئۆت.
ئاق
بوغدىغا قەلبىم گۈلىدىن،
زور
ئىشقىمنى لەۋھە قىلىپ تۇت.
كېلەر باھار كۆزۈم يولۇڭدا،
تەلمۈرىمەن قانات قېقىپ كەل.
شۇ
جېنىمدىن، سۆيگەن ئېلىمدىن،
ئىسسق سالام، سوغا ئېلىپ كەل!
1957
– يىل 27 – سىنتەبىر، تاشكەنت
دوستۇمغا
يازغىن دوستۇم قەلبىڭدىن چىققان،
دىل
سىردىشى ئوتلۇق خېتىڭنى.
سەن
سۇ بەرگەن يۈرەك بېغىمغا،
گۈل
قىپ تىكەي سېنىڭ ئېتىڭنى.
1957
– يىل ئۆكتەبىر، تاشكەنت
سېغىنغاندا .....
كىچە
كۆردۈم سېنى چۈشۈمدە،
ھېسياتلىرىم بىر سەندە مىھمان.
ئولتۇرىمەن ئىخ سېنىڭ ئىشقىڭ،
خىيالىمنى ئەسىر قىپ جانان.
كۆز
ئۆڭۈمدىن كەتمەيدۇ قەددىڭ،
ئەسلەيمەنمەن تويماي ھۆسنىڭگە.
قەلبىم – ئاسمان، سېنىڭ ھىجرانىڭ،
يۇلتۇز بولۇپ يانار كۆكسۈمدە.
كۇنلەر ئۆتەر شۇ بولار تەكرار،
خاھىشى شۇ كۈندە قەلبىمنىڭ..
تاڭ
كۈلسىمۇ، يۇلتۇزلار پارلار،
چىراقلىرى ئۆچمەس دىلىمنىڭ...
كېچىلىري تەلمۈرۈپ ئۇزاق،
شېرىن ھېستا باقىمەن ئايغا.
مېنى
ئەسلەپ چىقامسەن جېنىم،
ئشقىم گۈلى چېچىلغان جايغا.
چىققىن شۇ چاغ يۈرەك سۆزۈمنى،
ئېيتىپ بىرەر بىزگە سىرداش تال.
سەن
سۆيگەندە قەلبىم قالغاندى،
ئاشۇ
تالغا بېرىپ خۇش جامال.
ئەگەر ماڭا ئىنتىزار بولساڭ،
ئايغا باققىن ئۇندا جىلۋەم بار.
سېغىنغاندا ئايغا كۆپ قاراپ،
مېنىڭ ئەكسىم بولۇپ قالدى يار.
ئاي
ئۆتىدۇ، يىلنى قوغلىشىپ،
تۈگەر ئاخىر ھىجران كۈنلىرى.
شۇ
چاغ تەشنا قەلپتە ياشار،
شۇ
ۋىسالنىڭ ئىللىق گۈللىرى.
پاك
مۇھەببەت ۋاپارىڭ ئۈچۈن،
سۇنماقتىمەن ئشق شارابىنى .
بۇ
ناخشامدا ئاتىدىم ساڭا،
شۇ
ئۆمرۈمنىڭ گۈلباھارىنى.
1957
– يىل 21 – ئۆكتەبىر، تاشكەنت
گۈل
ئەمەس ئۇ ساڭا بەرگىنىم .....
تەلمۈرگەندە قەلبىڭ سۆيۈنۈپ،
لالە
رەڭلىك غۇنچە ئۇزاتتىم.
مۇھەببىتىم يار بولار، چۈنكى
يۈرۈگۈمنى گۈلگە ئوخشاتتىم.
ساقلا جېنىم كۆڭلۈڭ بېغىدا،
ياپراق يېيىپ ئېچىلسۇن پورەك...
گۈل
ئەمەس ئۇ ساڭا سۇنغىنىم،
سېنى
سۆيگەن ساپ ئوتلۇق يۈرەك.
1957
– يىل 3 – نويابىر، تاشكەنت
ئۇنۇتما!
ئۇنۇتمىغىن كۆرۈشكەن كۈننى،
ئۇنۇتمىغىن سۆيۈشكەن تۈننى.
«سەن
مېنىڭكى، مەنمۇ سېنىڭ» دەپ،
يۈرەكلەردىن چىققان شۇ ئۈننى.
ًًًًًًََََََ1957 ـ يىل 28 ـ دېكابىر، تاشكەنت
ئاباي كوچىسىدا
ئالمۇتا باغلىرىڭغا تەشنا كۆزۈم،
دوستلۇقتىن ئارلىغاندا شەرۋەت ئىزدەپ.
گۈل
ئېچىپ چىمەنىڭدە قالدى سۆزۈم،
شۇ
مىھرىڭ چاقىرغاندا مېنى دەستلەپ.
كەلدىممەن مىھمان بولۇپ شاتلىقلىرىم،
قۇيۇلدى يامغۇر بولۇپ باغلىرىڭغا.
توقۇدۇم ئاددى قوشاق ئوت يۈرەكتىن،
ئاشىق بوپ گۈلدىن گۈزەل چاغلىرىڭغا.
تۇرۇشۇڭ گۈزەل قىزدەك لىباس كىيگەن،
تاڭ
نۇرى چاچلىرىڭنى ئۆتەر ئويناپ.
شوخ
نازىڭ پاك قەلبىمنى يېتەكلىگەن،
ئۆتتۈممەن بويلىرىڭدىن ئۇزاق بويلاپ.
يۈرىكىم گۈزەللىكنىڭ ئىشقىدا مەست،
بىر
كوچا كۆزلىرىمنى قىلدى مەپتۇن.
لېرىكا باغچىسىمۇ؟
ئاقار كۆيلەر،
كىم
ئىكەن شۇ― كۆيلەرگە بەرگەن يالقۇن؟
تىكىلدىم كۆز ئوڭۇمدا پارلاپ ھەيكەل،
بىر
ئۇچقۇر خىيال بىلەن ئاچتى چىراي.
شېئىرىيەت كىتابىنى قىلىپ مەشئەل،
تۇرار ئەنە ئۆلەڭ ئېيتىپ ئاقىن ئاباي .
ئويلىرى ئەسىرلەرنىڭ ئارزۇسىدىن،
يۇلتۇز بوب يېقىلىپتۇ ئالا تاققا .
ئاباي يوق، لېكىن كۆيى مەڭگۈ باقى،
بۇلبۇلدەك ئاشنا بولۇپ ئاشۇ باققا.
قەلبىم كۆي ئىشقىدىن تاشقىن دەريا،
يەلكەندەك شۇ دەريادا ئاقتى يۈرەك...
گۈل
قويدۇم بار مىھرىمدىن ھۇزۇرىغا،
شائىر ئۈچۈن ھۆرمەت بارمۇ بۇندىن بۆلەك؟
قايىلمەن، زۇقلىنىمەن شائىرلارنىڭ،
قول
بىلەن ئۆچمەس شېئىر توقۇشىغا.
ئارمىنىم سەللىرىدە ئېقىپ كەتتىم،
كۆي
ئاققان ئاشۇ ئاباي كوچىسىدا.
1957
– يىل، ئالمۇتا
يېنىڭغا ئۇچسام .....
بۈگۈن يەنە سېغىنىش بىلەن،
دىل
سۆزىنى تىزىمەن بەتكە.
خېتىم كېتەر ئىشقىمغا گۇۋا،
مەن
قالىمەن تەلمۈرۈپ يەككە.
ئىلاج بولسا كۆك كونۋېرت بىلەن،
پىرلا قىلىپ ئۇچسام يېنىڭغا.
باغ
– باغ قىلىپ لىۋىڭگە سۆيسەم،
شۇ
كونۋېرتنى ئاچقان چېغىڭدا.
1958– يىل 7 – يانۋار، تاشكەنت
ۋەتەن مۇھەببىتى
يوللار، يوللار گاڭ ئۈمىد بىلەن،
ئايرىۋەتتىڭ مېنى ئېلىمدىن.
بۇ
ئايرىلىش ۋاقىتلىق ھىجران،
ۋەتەن ئىشقى ئۆتتى جېنىمدىن.
يىراقلاشسام گويا بىر قەدەم،
ئىشقىڭ قولى قەلبىمنى تۇتار.
يول
ئۈزەلمەس سېغىنىشنى ھەم،
شۇڭا
چاڭقاپ خىيال قۇشلىرىم،
ئارزۇ بىلەن شەرققە ئۇچار.
قۇشلار كېلەر شەپەقنى سۆيۈپ،
لىق
تولدۇرۇپ دىلىمغا ھېسنى.
گاھ
باسىمەن كۆزۈمگە سۈرتۈپ،
يالدامىلىق ئالغان تۈگۈچنى.
ئانام بەرگەن قىممەت تۈگۈچتە،
يا
يالتىراق ئالتۇن بارمىكىن؟
«سېغىنغاندا ئوغلۇم يېسۈن» دەپ،
يېشىل ئۈزۈم، قاق سالغانمىكىن؟
ئاچىقىنىمدا باشقىچە بىر ھال،
ھېچ
كۆزۈمگە كۆرۈنمەس ئالتۇن.
سېرىق رەڭلىك ئاددى توپىدىن،
گۈل
ۋەتىنىم ئاچىدۇ قويۇن.
ئالتۇن ئەمەس مېنى ئۆستۈرگەن،
يۈرۈگۈمگە شۇ تۇپا قىممەت.
دىلدا يانار ۋۇلقان ماگمىسى،
شۇ
توپىغا يانغان مۇھەببەت.
پۈتۈن ئارزۇ ئارمانلىرىم شۇ،
تا
مەڭگۈگە قالسام يېرىمدە.
سۇغارسامدىم دەشت- چۆللىرىنى،
پىشانىدىن ئاققان تېرىمدە.
1958 – يىل 15 مارت، تاشكەنت
پاختا تەردىم ...
كەڭ
دالىنىڭ ئەكسى ئاسماندا،
كۈمۈچ ئوخشاش جىلۋىلىنەر نۇر.
«ئاق
ئالتۇن» نى تېرىپ ئېتىزدا،
شاتلىق بىلەن كۈلىمەن مەغرۇر.
قۇلۇم ئوينار كۆسەك بېلىدە،
كۆزۈم ئىستەر سىرداشقان كۆزنى.
مانا
قىزچاق كۈلكە لىۋىدە،
ئۆتتى ياندىن تەۋرىتىپ سۆزنى.
«خەپ!» دېدىم – دە، كايىپ ئۆزەمگە،
ئەلەم بىلەن چۈشتۈم ئارقىدىن.
ھەر
بىر پاختا، شۇ يار كۆزۈمدە،
يارنىڭ ھىدىن پۇراپ پاختىدىن.
قەلبىم ئارا سويگۈ ئىسيانى،
دولقۇنلىرى كۈتەردى شاۋقۇن.
سۆز
تاشلىدىم ئۇيالدۇردى قىز،
پەقەت قالدى يۈزۈمدە يالقۇن.
تۇرىمەنمەن كەچتە خاماندا،
تەرگەن پاختام يۈزلىگەن قۇچاق.
تەلىيىممۇ قوش بوب تۇغۇلدى،
كۆز
قىسقاندا شۇ ئېسىل قىزچاق.
كۆكتە يۇلتۇز بەختىمدىن كۈلەر،
يۈرەكلىرىم قايغۇدىن يىراق.
پاختا تەرمەي يۈرىمىز، لېكىن،
ئشق
گۈلىنى تېرىشىپ بىراق.
1958– يىل 18 – مارت، تاشكەنت
باھارغا ...
تاڭ
نۇرلىرى جىلۋىلىك ئويناپ،
كىمدۇر ئۆتتى دەرىزەم چېكىپ.
شاتلىق ھېسى يۈرەكنى بويلاپ،
دەست
تۇردۇم – دە، ئۇيقۇلار قېچىپ.
دەرىزەمنى ئاچتىم شاتلىنىپ،
قولىن سالدى بوينۇمغا شامال.
شامال، شامال كەپسەن يىراقتىن،
گۈل
بېغىمغا كىرگۈزۈپ جامال.
بېغىم ياشنار ئاق، قىزىل چىچەك،
چاچلىرىغا غۇنچىلار تېقىپ.
بوپتۇ باغرى ياپ - يېشىل ئىتەك،
شىلدىرلىشىپ شوخ سۇلار ئېقىپ.
شۇ
ھۆسنۈڭگە دىلىمغۇ مەپتۇن،
گۈزەللىكنىڭ تاجى بېشىڭدا.
يار
كەلمەپتۇ سەن بىلەن بۈگۈن،
باھار تويى كۆكلەم چېغىڭدا.
ئۈمىدلىرىم تارىنى چېكىپ،
كۈندەك كۈلۈپ كەلدىڭ باھارىم.
«تىرىق- تىرىق» دەرىزەم چېكىپ،
قاچان كېلەر سۆيگەن نىگارىم؟
1958– يىل مارت، تاشكەنت
يامغۇر ياققاندا ...
يەنە
كۆكنىڭ شوخ پەرىلىرى،
سۇ
چېچىشىپ ئوينىغانمىكىن؟
نىمە
بۈگۈن خىيال قۇشلىرىم،
ئۇزاقلارغا ئۇچتىمۇ قاراپ،
شۈ
تامچىلار ھېسىمنى قوزغاپ،
كونا
يارامغا تۇز سالغانمىكىن؟
بۈگۈنكىدەك ئاق يىغىن ياققان،
قالدى ئارتتا ئاق چاچلىق يىللار.
چىۋىق مېنىپ بولۇشۇپ چاققان،
داۋان ئاشقان بىزدۇق باتۇرلار.
كۆككە بېقىپ سالاتتۇق چوقان،
«يامغۇر ياغلىق، ئەچكە ساغلىق» دەپ.
بەش
مىنۇتقا خوشال پالىۋان،
تال
چىۋىقنى تارتىپ ئىگەرلەپ.
يۈرەك تېخى قاينام بۇلاقتەك،
خوشال ھېسلار چاچماي بەدەنگە.
ئۆيگە كىرسەم ئاچلىق ئازاۋى،
قىينار ئىدى دەھشەت - ئەلەمدە.
ياش
تۆكەتتىم ئاچچىق ئۈكۈنۈپ،
دۇنيا ئىدى ماڭا بىر زەھەر.
تولغۇناتتىم نەچچە پۈكۈلۈپ،
ئۇرسا يامغۇر ئوچۇق يەلكەمدىن،
چاقسا يامغۇر يورۇق پۇتۇمدىن،
گاھ
يۈگۈرسەم خۇش بولۇپ ئەگەر.
مانا
بۈگۈن ئولتۇرىمەن جىم،
شۇ
ئەسلەشنىڭ ئاچچىق ئىلكىدە.
كۆز
ئالدىمدا ئوينار بىتىنىم،
بىر
توپ ئۆركەك قۇشلار- بالىلار،
بەخت
سۆيگەن ئىنى – سىڭىللار،
نۇر
جىلۋىسى ئوينار يۈزىدە.
قەلبىم قانماس تەشنا ئېتىزدەك،
شەرۋەت ئېمىپ خوشال كۈلكىدىن.
پۈتتى ئەمدى ئېقىپ لاي سۇلار،
بىزلەر ئۆتكەن ئاشۇ كۇچىدىن.
ياغسۇن يامغۇر، ئوينىغىن سىڭلىم،
زامان سېنىڭ ئوماق ئازادە.
شۇ
يامغۇرلۇق ئۆتكەن كۈنۈمدىن،
شېئىرىم بولسۇن ساڭا خاتىرە.
1959
– يىل 3 – ماي، تاشكەنت
ناخشا تېكستلىرى
1 –
خامان ناخشىسى
تاڭ
سۈزۈلدى شاماللار،
خەۋەر بەردى خاماندىن.
يارىم بىلەن قىزىتتۇق،
ھۇسۇل كۈيىن ھەر ياندىن.
خامان تولدى، تاغ بولدى،
چىرايلىغىم چەش باسقىن.
شەپەق رەڭلىك ئالتۇندىن،
كۆكسۈڭگە مېدال ئاسقىن.
شامال كەلدى گۈرۈلدەپ،
ھايدا سوققىن خاماننى.
گۈللىتەيلى ئاش ئېلىپ،
بەخت
تاپقان زاماننى.
1958
– يىل 23 – ماي، تاشكەنت
2 –
باغۋەن قىز قوشىقى
كولخوزۇمنىڭ بېغىدا،
گۈللىدى ئالما، ئانار.
قىچقارمىغىن ئالدىڭغا،
دېھقان ئوغلى ئەزىز يار.
ئىشنى تاشلاپ ئالدىڭغا،
بارسام ئۇيات ئەمەسمۇ؟
كۈزنى كۈتكىن يېقىنغا،
يۈرەك چىداش بەرمەسمۇ؟
ئەگەر مېنى سېغىنساڭ،
چاپسان تولغاز خاماننى.
سەن خاماندا، مەن باغدا،
قۇتلايلى ھەربىر تاڭنى.
ئاھ
يىگىتىم – بوز يىگىت،
ۋەدەم تۇرسۇن يادىڭدا.
قىنىشارمىز توي قىلىپ،
ئالما چىشلەپ ئايدىڭدا.
1958
– يىل 23 – ماي، تاشكەنت
3 –
چوپان يارىم
(قىز ئاغزىدىن)
يېشىل جىلغا بۇيىدىن،
نەي
ئاۋازى ئاڭلاندى.
نېمە
بولدى يۈرۈكۈم،
گۇيا
قۇشتەك جانلاندى.
قىزلار قىزىپ سورايدۇ،
«كىملەر باردۇر ئۇ ياقتا؟»
يۈرەك جاۋاب بېرىدۇ،
چوپان يارىم يايلاقتا.
چوپان يارىم ئوتلىتار،
پادا
– پادا مىڭلاپ قوي.
شۇ
قارا كۆز يار بىلەن،
قىزىتىمىز قىشتا توي.
1958
– يىل 24 – ماي، تاشكەنت
موسكۋا يولىدا
پويىز ئۇچار شامالدىنمۇ تېز،
قالدى ئارتتا سوزۇلغان يوللار.
كۆز
ئالدىمدا يىيىلار ئېتىز،
گاھ
ياپ ـ يېشىل قۇيۇق ئورمانلار.
كۆزلىرىم بەنت، قەلبىمدە جۇشقۇن،
شاتلىقلىرىم گويا بىر دېڭىز.
بىر
ئىسىمنى يادلىسام يوللار،
قەلبىم ئارا تاشلار يېڭى ئىز.
شاتلىقىمنى ئېيتىمەن دوستلار،
دوستلۇق تولغان ناخشامغا قوشۇپ.
موسكۋاغا كېلىمەن دوستلار،
ئېلىم ئىشقى مىھرىگە تولۇپ.
يوللار چېكى ئۇپۇق تىگىدە،
كۆرۈنمەيدۇ يوللار پايانسىز.
قانات بولسا شۇ ئەل كۆكىدە،
ئۇچسام ئەزىز موسكۋا تامان،
قۇش
ئەمەسمەن ئەپسۇس قاناتسىز...
يۈرەكلىرىم تاقەتسىز، لېكىن
ئارمانلىرىم مەغرۇر قاناتلىق.
پويىزدىمەن ھازىر ئويلىرىم،
موسكۋادا كېزىدۇ ئاتلىق.
1958
– يىل 27 – ئىيۇل، كويبىشېۋ – موسكۋا
كېچىدە
ئۇزۇن كېچە ئۇخلالمايمەن تىنچ،
لالە
بولۇپ قىزارغۇنچە تاڭ...
ئاھ
خىيالىم، سەندىن كەتمەس ھېچ،
يۈرىگىمىز قوشماقمىكىن، تاڭ؟
1958
– يىل 4 – ئاۋغوست، يەيسىك – ئازوۋ دېڭىزى
ئازوۋ دېڭىزىدا
(دوستۇم دولقۇن ياسىنغا)
كۆپ
– كۆك دېڭىز تىنمايسەن بىردەم،
گاھى
سەل بوب، گاھى چايقىلىپ.
سەن
كېلىسەن ئوتلۇق ناخشاڭنى،
ئەسىرلەردىن جارسېپ، ھايقىرىپ.
شۇڭا
سېنىڭ شۇ دولقۇنلىرىڭ،
شۇ
دوستۇمنى سالار يادىمغا.
دولقۇن ئۆرلەپ شالدىرلاپ تۇرار،
قولىن سوزۇپ كېلەر ئالدىمغا.
پىچىرلايمەن سىردىشىپ ئاستا،
دولقۇنلارغا باغرىمنى يېقىپ.
«ئارمان نېمە ئالەمدىن ئۆتسە،
كۆك
دېڭىزدەك ناخشىلار ئېيتىپ.»
ئېيتقىن دوستۇم، ئېتىڭمۇ دولقۇن
قەلبىڭ سېنىڭ دېڭىز پارچىسى.
ناخشاڭ قالسۇن مەڭگۈ ئۆلمەسكە،
زامانەمنىڭ بولۇپ جارچىسى.
1958 – يىل 8 – ئاۋغوست، يەيسىك - ئازوۋ دېڭىزى
... غا
مۆلدۈرلىتىپ يېشىڭنى تۆكۈپ،
دەريا قىلدىڭ گويا كۆزۈڭنى.
مەيلى ئاقسۇن ئاچچىق ياشلىرىڭ،
پۇشمان يۇسۇن سېرىق يۈزۈڭنى.
يىغلىمىغىن كەتتى ئۆزەڭدىن،
«مۇھەببەتتىن» قالدىڭ بالاغا.
ياش
گۈلۈڭنى خازان قىپ تۆكتۈڭ،
ھايات سۈتى سالدى سازاغا.
قىسقا لېكىن مۇھەببەت سۆزى،
قىممىتى بار شۇ دۇنياغا تەڭ...
چىن
ۋاپاغا جاپا قىلمىساڭ،
بەخت
ساڭا ئېچىلىدۇ كەڭ...
1958
– يىل 9 – ئاۋغوست، يەيسىك – ئازوۋ دېڭىزى
دوختۇر ساڭا داۋا تاپماسمۇ؟
دەرىزەڭدە ئۆچمەيدۇ چىراق،
تاڭغا يېتەر نۇر چاچقان شولا.
ھەر
بىر كېچە ئۆتىدۇ شۇنداق،
گۈزەل دەردىڭ شۇنچىمۇ تولا؟
گاھ
ئۈستەلدە ئولتۇرىسەن جىم،
ئىشقىڭ كۈچى تۇتار قەلەمنى.
گاھ
قەغەزنى قىلىپ بىر سىقىم،
سەن
كۈتىسەن كېلەركى تاڭنى.
تاڭ
ئاتىدۇ نۇرلىرى ئەلۋەك،
يىگىت نامى شۇ ساپ تىلىڭدا.
مانا
يىگىت سۆزلەلمەيسەن ھېچ،
قۇلۇپ بارمۇ تاتلىق تىلىڭدا؟
كۆز
ئالدىڭدا يىگىتنىڭ چىھرى،
قارا
قاشلىق ئاق خالات كىيگەن.
ھەر
كىسەلگە ئانىدەك مىھرى،
گۇيا
تۇمار بولۇپ چىگىلگەن.
يەنە
كەلدىڭ يىگىت ئالدىغا،
«كېسەل» دېدىڭ ساپ- ساق يۈرەكنى.
ھېسلىرىڭنى ئېلىپ دالدىغا،
دورا
بەردى، يەنە ئېپ كەتتىڭ،
قىلالمىدىڭ شۇندىن بۆلەكنى.
ئۆزۈم ھەيران چاقماق تىلىڭنى،
كۆمدىمۇ يا تارتىنىش ھېسى.
سەن
ئەمەسمۇ قاينىغان سىخنى،
ئىككى يۈزلۈك نورمىغا باشلاپ،
داڭ
چىقارغان فابرىكنىڭ قىزى؟
ئېيتقىن چىۋەر چىن دىلدا يانغان،
سۆيگۈ ئېيتىش يىگىتكە خاسمۇ؟
ئۆز
سۆيگۈڭنى يىگىتكە ئېيتساڭ،
ئەل-
يۇرتىغا قەلبىنى بەرگەن،
دوختۇر ساڭا داۋا تاپماسمۇ؟
1959 – يىل، تاشكەنت
ئالدامچىىغا
چوغلۇق تۇتۇپ ھەر باھار پەسلى،
ئۆتىسەنسەن كوچامنى بويلاپ.
يەنە
كەلدىڭ كۆزۈڭدە ھىيلى،
يالغان سۆيگۈ ئىشقىنى ئويلاپ.
كۆز
تاشلايسەن ھەر دەرىزىگە،
شۇ
قەلبىڭگە بىر پاناھ ئىزدەپ.
دەرىزىلەر ئۆچمايدۇ قانات،
دەۋىتىڭدىن مەڭگۈ بەزدۇق دەپ.
سەن
ئۆتكەندە ئېرىقلاردا سۇ،
شاۋقۇن سېلىپ خوشال ئاقمايدۇ.
ئۇزۇن چاچلىق مەجنۇنتاللاردا،
بۇلبۇل ساڭا قانات قاقمايدۇ.
سېنى
كۆرسە تالنىڭ سايىسى،
مىھىر بىلەن ئاچمايدۇ قۇچاق.
ياپراقلاردا دەرتنىڭ نالىسى،
لەنەت ئۇقۇپ ۋاپاسىزلىققا،
خىجىللىقتىن تۆككەندى قوۋزاق.
باھار دېمە سۇلغۇن قەلبىڭنى،
ھەر
باھاردا تۇتۇپ گۈل قۇچاق.
كۆكلىمىنى شامالغا بەرگەن،
گويا
سەن بىر قۇرۇق يوپۇرماق.
1959– يىل، تاشكەنت
باھار يامغۇرى
يەنە
يامغۇر كۆكتىن تامچىلار،
يەر
كۆكسىگە تۆكۈلدى مونچاق.
ئۈزۈلگەندەك كۆك پەرىسىنىڭ،
مارجانلىرى بوينىدىن شۇ چاغ.
باغلار ئارا يامغۇر ئىز سالدى،
بۇدرۇق شاخلار يۈزىدە شەبنەم.
بىخلار تەڭگە، يېشىل تون كىيگەن،
شات
ئۆلكەمنىڭ باھارى كۆكلەم.
دالا
چىمەن، تەبىئەت بەھرى،
گۈلگە تولار يامغۇردىن كېيىن.
تامچە بولۇپ شېئىرلار سەترى،
ئانا
يەرگە تۆكۈلسە كۆكتىن.
تۆكۈلسە ـ يۇ باھار قىچقارسا،
گۈل
ئاچتۇرغان ئاشۇ يامغۇردەك،
غۇنچە تەرسە ھەربىر قەلىپكە.
رازى
ئىدى شائىرنىڭ كۆڭلى،
پىشانىدىن ئاققان پاك تەرگە.
1959
– يىل مارت، تاشكەنت
ۋەتەن
«ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر.»
―
مۇقىمى
ئۇلۇق ئۈمىدلەردە ئېلىم يوللىغان،
ئارزۇ قاناتلىرى ئېپ كەتتى مېنى.
ئېپ
كەتتى، ھىجرانلىق دېغىنى سالغان،
ھەر
مىنۇت ۋەتىنىم سېغىندىم سېنى.
شۇڭا
يوللار بويى تەلمۇرۇپ قالدىم،
مىھرىڭ رىشتىسىنى يۈرەككە تاڭدىم.
بىلىمەن ھىجراننىڭ چېكى بار، چۈنكى
ۋەتەننى كۆرۈشكە بۈگۈنمەس، ئەتە.
ھېسلىرىم چىدامدۇ سورماي يۈرەكتىن،
شۇ
ئەزىز تۇپراقنى كۆرسەم دەپ يەنە.
ئانىدەك قوينۇڭغا كۆيۈپ يانارمەن،
جان
ئانا، مىھرىڭگە شۇ چاغ قانارمەن.
تاڭ
ئاتار ئالتۇندەك بۇ تۇغقان ئەلدە،
شەرقتىن كېلىدۈ شۇ يولچى قۇياش.
تەبەسسۇم ئىلكىدە چاچقان زەررىدە،
ئېلىمنىڭ مىھرى بار قەلبىمگە يولداش.
شۇ
نۇر يالتىرلىغان ھەر چاغ، ھەر يەردە،
جان
ئېلىم يولداشتۇر مەن بىلەن بىللە.
تۈن
قىزى كۆزى بوپ كۆكتە يۇلتۇزلار،
بەس-
بەستە تەلمۈرۈپ يەرلەرگە باققان.
قەلبىمدە كۈنچىلىك تارىنى چېكىپ،
يۈرەكنى تۈرتۈيدۇ قىزىق بىر ئارمان.
خۇددى يۇلتۇزلاردەك مىليون كۆز تاپسام،
ئېلىم گۈزەللىكىنى كۆرۈپ مەن قانسام.
گاھ
يۈرسەم ئارىلاپ چىرچىق بويىدا،
تارىم مۇقامىنى ئاڭلايمەن ئۇندىن.
دولقۇنلار ئۆرلىشىپ ئۇرسا قىرغاققا،
دىلىم سۇ ئىچىدۇ ياڭراق كۆيىدىن.
خىيالىم ئۇچىدۇ، ئۇچار قالغاچ بوپ،
تارىم دولقۇنىغا ئۆزىنى ئۇرۇپ.
بۈگۈن سىبىردىمەن يېشىل ئورمانلار،
قويۇق ياپراقلاردىن تاشلايدۇ سايە.
ياپراقلار چىھرىگە كۆزۈم چۈشكەندە،
گۈل
ئېلىم ھەققىدە باشلار ھېكايە.
سېنىڭ قىسسىلىرىڭ ھەر دەم ئېسىمدا،
مۇھەببەت يەلكىنىڭ ئۈزەر قېنىمدا.
ئاھ
مەيلى ئۆتسىمۇ سېنىڭسىز يىللار،
سېنى
ھېچ ئۇنۇتماس شۇ تەشنا يۈرەك...
پاك
غۇنچە قەلبىمگە سەن بىرلا ئەزىز،
دۇنيادا سۆيگۈم يوق سېنىڭدىن بۆلەك...
شۇڭا
ۋەتەن مىھرىڭ، ئىشقىڭ مەندىدۇر،
«ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر.»
1959 – يىل نويابىر، تاشكەنت
دوستلار مېنىڭ ئككى ئانام بار
(ئۇستازىم نىنا فىيودۇروۋنا خالىدوۋاغا )
كۆز
ئالدىمدا ئانام چىھرىدە،
ئولتۇرىدۇ كۈلۈپ بىر ئايال.
ئۆز
ئانامغا ئوخشايدۇ، لېكىن
ئوڭ
مەڭزىدە ساغۇچ قاراخال.
ئالتۇن رەڭلىك سېرىق چېچىغا،
قىرو
سالغان شۇ يۈگرەك يىللار.
كىتاپ تۇتۇپ كىرسە سىنىپقا،
قۇياش چىقسا گۈل ئېچىلغاندەك،
نۇرلار ئېلىپ ياشنايدۇ دىللار.
كىتابىنى يايار ئالدىمغا،
تىلىمغا تىل قوشتى شۇ ئايال.
ئانا
بولدى، مەن گۈدەك گۇيا،
تىلىم چىقتى رۇسنىڭ تىلىدا،
گاھ
ھىجىلەپ، گاھى بىمالال.
ئانام دېسەم ئەرزىدۇ، چۈنكى
ئۇ
ئانامدەك بەردى ماڭا تىل.
شۇ
تىل بىلەن دوستلۇق ئىشقىنى،
قۇيۇپ قويدى، ئۇنتۇمايدۇ دىل.
مەن
ئۆسسەممۇ بوغدا بويىدا،
بۇ
دوست ئەلگە بولساممۇ مىھمان.
شۇ
دوستلارنىڭ مىھرى تۈپەيلى،
يۈرۈكۈمدە ياشنار گۈلىستان.
دوستلۇق سۆيگەن قايناق قەلبىمگە،
ئىككى ئانا مۇھەببىتى يار.
شۇڭا
دەيمەن دىلدىن – يۈرەكتىن،
دوستلار مېنىڭ ئىككى ئانام بار.
1959
– يىل 17 – دېكابىر، تاشكەنت
كرېمىل يۇلتۇزى
دەرىزەمدىن مەن قارايمەن جىم،
قەلبىم كۆكى توشۇپ خىيالغا.
لېكىن يۈرەك ئوينار بىتىنىم،
ئارزۇم كۈلۈپ يەتتىم ۋىسالغا.
يۇلتۇز بولۇپ يانغان چىراقلار،
موسكۋانىڭ كۆكسىدە قاتار.
شەھەر گويا نۇر دەرياسىدا،
يەلكەن بولۇپ شاتلىقتا ئاقار.
يەردە يانغان نۇرلار ئالدىدا،
كۆك
يۈزىدە يۇلتۇزلار خىرە.
قارا
چاچلىق تۇن قىزى زارلاپ،
يورۇقلۇقتىن دالدىغا قاچار،
بولماس ئۈچۈن ئاڭا ئەسىرە.
باشقىچىلا يانار بىر يۇلتۇز،
كۆزلىرىمنى چاقار جىلۋىسى.
مەن
كۆرىمەن ئۇندا ئىنساننىڭ،
ئارزۇلىرى، بەخت، كەلگۈسى.
يۇلتۇز پارلار ئەلۋەك نۇرلىرى،
يەر
يۈزىگە كېتىشكەن تاراپ.
نۇرغا ئاشنا مىليون جۇپ كۆزلەر،
«بەختىم!» دەيدۇ يۇلتۇزغا قاراپ.
كەڭ
ئوكيانلار، تاغلار كەينىدە،
سەن
كۆرىسەن ئۇنىڭ نۇرىنى.
يوللار يىراق بولسىمۇ شۇنچە،
تۇسالمىغان يۇلتۇز يولىنى.
زۇلمەت تۈندە ئۇنىڭ نۇرلىرى،
قۇياش بولۇپ يانار لاۋۇلداپ.
بەزەن يىغلار تۈن ھۇقۇشلىرى،
ھۇجۇم قىلار شۇ نۇرغا قاراپ.
ئۆچەرمەكچۈن ئۇنىڭ نۇرىنى،
جەڭ
باشلايدۇ قارا كېچىدە.
لېكىن نۇرنىڭ قايناق بۇلىقى،
كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر قەلبىدە.
شۇڭا
ئۆچمەس بەخت يۇلتۇزى،
لېنىن ئۇڭا ئۆزى ئوت ياققان.
ھازىرمۇ ھەم دەم بېرىپ ئۆزى،
شۇ
يۇلتۇزنىڭ يېنىدا ياتقان.
1960– يىل ئىيۇل، موسكۋا
ھۈسەنگە
جىمىرلىغان يۇلتۇزلار ئۆچەر،
گۈلدەك كۈلسە ئۇپۇقلار چىھرى.
لېكىن قەلپتە ھېچ ئۆچمەي ئۆتەر.
ئانا
بەرگەن تۇغقاننىڭ مىھرى.
1960– يىل ئاۋغوست، تاشكەنت
پوچتالىئونغا
يەنە
بۈگۈن پوچتىدا ئۆزۈم،
خەت
كۈتىمەن يىراق ئېلىمدىن.
خەتلەر ئۆزرە تاشلىنار كۆزۈم،
سۆز
تۆكۈلەر تەشنا تىلىمدىن.
ـــــ خەت بارمىكىن، ياش پوچتالىئون،
باش
سىلكىيدۇ رەنجىپ مېنىڭدىن.
كېلىۋېرىپ پوچتىغا ھەر كۈن،
دەر
كۆزلىرى بەزدۇق سېنىڭدىن.
رەنجىمىگىن، سەنمۇ بىلىسەن،
ۋەتىنىڭدىن ئايرىلغان چاغدا.
ئىچ
ئاغرىتىپ مېنى ئەسلەرسەن،
ھىجران ئوتى كۆيدۈرسە داغدا.
1961– يىل 26 – نويابىر، تاشكەنت
تامـچە ياش
ئاق
كارۋاتتا ياتاتتىم بىمار،
رەنجىشلىرىم كۆپ ئىدى سەندە.
كۆردۈم سېنى ئاي يۈزلۈك دىلدار،
ئۆز
يېنىمدا شۇ تاڭ كۈلگەندە.
كۆردۈم سېنى رەنجىشىم شۇ چاغ،
ئوت
ئاچماقچى ئىدى يۈزۈمدە.
ھەيرانلىغىم ئۆستى بولۇپ تاغ،
ياشلىرىڭنى كۆرۈپ كۆزۈڭدە.
سەن
ئىگىلدىڭ پىچىرلاپ ئاستا،
«كېچىر!» دېدىڭ يېشىڭنى تۆكۈپ.
يۈزۈڭ ئالما ئىدى، ئۇنىڭغا
تاڭ
شەبنىمى ئالغاندى كۆچۈپ.
شۇ
سۆز بىلەن يېشىڭدىن بىر تال،
تامچە بولۇپ تامدى كۆزۈڭدىن.
دىلىم كۈلدى ئەجەپ قىزىق ھال،
يۇپ
ئۆتۈپتۇ شۇ تامچە يېشىڭ،
رەنجىشىمنى مېنىڭ كۆڭلۈمدىن.
1960
– يىل 12 – دېكابىر، تاشكەنت
كەتتىڭ
سۆيگىنىڭدىن رەنجىدىڭ، كەتتىڭ،
يەتمەك بولۇپ «قېشى قارا» غا.
«قارا قاش» نى دەپ ئۇچراپ قالمىغىن،
خۇددى تۈندەك «دىلى قارا» غا.
1960
– يىل 7 – دېكابىر، تاشكەنت
رەسۇل گامزاتوپتىن
يەنە
چىقتىم قايسۇ بويىغا،
پاك
قەلبىمدە بىر سېنى ئەسلەپ.
ئاستا ئالدىم ئىسسىق قولۇمغا،
مۇزدەك سۇنى دىلدىن پەپىلەپ.
سوغ
سۇ ئېقىپ كەتتى دەرياغا،
ئېقىپ يەتسۈن مېنىڭدىن مەيلى،
خەۋەر بەرسۈن تاڭدا سەن يارغا،
كۆك
دىڭىزغا كەلگىنىڭ پەيتى.
مەيلى يۇسۇن سېنى دولقۇنلار،
ئالقىنىمدا ئىسسىتقان سۇلار.
1960
– يىل 26 – دېكابىر، تاشكەنت
سېغىنىش
خەتلەر كەلمەس يانا سېنىڭدىن،
يۈرىكىمدە سۆيگۈ ئىسيانى.
ئوكيانلارنىڭ چېكى بار، لېكىن
سېغىنىشنىڭ يوقتۇر پايانى.
1960
– يىل 26 – دېكابىر، تاشكەنت
ھىجران ياغلىقى
يىللار ئۆتەر ئۆرتىنىپ داغدا،
شۇ
سۆيگىڭدىن قالدى بىر ياغلىق.
يادىگارىڭ شۇمىدى ماڭا؟
شۇ
كۆڭلۈمدە كۈندە ھىجرانلىق.
قەلبىڭ سېنىڭ تاش ئىكەن گۈلۈم،
ياغلىق ئەمەس، ئەلىمىڭ قاپتۇ.
ئەسلەش ئۈچۈن بەرگەن ياغلىقىڭ،
ياشلىرىمنى ئېرتىشقا قاپتۇ.
1960
ـ يىل، تاشكەنت
ساگۇغا
ئۇگىسىدىن ئۇچار ياش قۇشلار،
قانات تاپقان كاماللىق چېغى.
قانچە ئۇچۇشمىسۇن يىراققا ئۇلار،
كۆڭلىدە ياشايدۇ شۇ ئىسسىق ئىنى.
بىز
ھەم قۇشتەك ئۇچارمىز دوستلار،
بىزگە قانات بەردى ساگۇ پاسىبان.
مەيلى ئايرىسۇن ئۇ پايانسىز يوللار،
يۈرەكتە مىھرىڭ بار، ساگۇ ئانىجان!
1961 - يىل 26 – يانۋار، تاشكەنت
قاشلىرىڭ
قالىغاچنىڭ قانىتىدەك توم،
قارا
قېشىڭ چىھرىڭدە ئايان.
قالىغاچ ئۇچسا دولقۇنى شۇدەم،
تاراپ كېتەر كەڭرىدۇر ئاسمان.
قېشىڭ قاقتىڭ... بالا شۇ بولدى.
كۆزلىرىمدە سۆيگۈ يالقۇنى.
قانداق پاتار قەلبىم كۆكىگە،
قاشلىرىڭنىڭ ئاتقان دولقۇنى؟
1961– يىل 26 – فېۋرال، تاشكەنت
چىغىر يوللار
(1961 ـ 1964 ـ يىللار)
كۈن سوغ ئىدى
كۈن
سوغ ئىدى ھەم قارلىق ئىدى،
تۇنجى قېتىم سۆيۈشكەن كۈنى.
سۆيگۈمىزنىڭ گۈلشەن بېغىدا،
قارلار ياغماس بىر ئۆمۈر بويى.
1961
– يىل 4 – نويابىر - كۈندۈزى، ئۈرۈمچى
كۈن پاتتى
كۈن
پاتتى تاغ كەينىگە مۆكتى چۆكۈپ،
چۈشكەندە گۇگۇم – تۈننىڭ نىشانىسى.
تارتتى ئاينى ئۆز باغرىغا خۇشال كۈلۈپ،
يالتىرلاپ تۈن قىزىنىڭ پىشانىسى.
1961
– يىل 17 – نويابىر، ئۈرۈمچى
سېنىڭ ئىزلىرىڭ
تالادا قىش، قار ئۇچقۇنلىرى
دەرىزەمگە ئويىدۇ نەقىش.
نېمە
بولدى شوخ بېقىشلىرىڭ،
خىيالىمدىن نېرى كەتمەس ھېچ.
سېغىنىشتا ئاھ يۈرەك، قۇرغۇر،
ئىنتىلىدۇ ئۇچۇرما قۇشتەك...
ئىشىك ئېچىپ كىرگەن شۇ چېغىڭ،
ئۆز-
ئۆزۈمگە بىلىندى چۈشتەك...
ئولتۇرۇشتۇق لام ـ جىم دېيىشمەي،
يوقالغاندەك سۆزلەر جاھاندىن.
قالدى يەنە سىرلار يېشىلمەي،
سۆزلەر كېتىپ ياخشى، ياماندىن.
ئىخ،
تارتىنىش ئازاۋى قۇرسۇن،
قويار ئىكەن پۇشايمان – دەرتكە.
قاراپ قالدىم كۈلتۈك قار كېچىپ،
سەن
ئىز سېلىپ كەتكەن تەرەپكە.
كەتتىڭ، لېكىن ئاشۇ يوللارغا،
مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇغىن چېچىپ.
باشلاپ كېلەر سېنى باھاردا،
ئىشق
گۈللىرى گۈل – چېچەك ئېچىپ.
1961
– يىل 27 – نويابىر- كېچە، ئۈرۈمچى
قار ئىشقى
ئەسىرلەردىن ئېرىماي كەپتۇ،
ئىگىز تاغلار بېشىدا ئاق قار.
ئېرىماپتۇ قىش ئىشقىن ساقلاپ،
ئىللىق كۈلۈپ كەلسىمۇ باھار.
ئوخشاتقۇم بار سوغۇق بولسىمۇ،
پاڭ
ئىشقىمنى ئاق قارغا گۈلۈم.
سۆيگۈم قالسا قەلبىڭ تېغىدا،
ئاپپاق قاردەك ئەسىرلەر مەڭگۈ،
ئايرىسىمۇ دەھشەتلىك ئۆلۈم!
1961
- يىل 2 - دېكابىر، ئۈرۈمچى
بىر تال ياپراق
مەجنۇنتال تىگىدە ئۆتتى دەم ئېلىپ،
يول
يۈرۈپ چارچىغان بىر مويسىپىت چال.
بەھر
ئېلىپ سايىدىن كۆز تىكتى تالغا،
ياپراقلار پىچىرلاپ دەيدۇ: «ئارام ئال!»
مەجنۇنتال، مەجنۇنتال خۇددى شۇ دەمدە،
مەيلىدى مەن بولسام بىر تال ياپرىغىڭ...
ياپراقچە نەپ بەرسەم ئىدى خەلقىمگە،
غۇنچىلار ئاچاتتى دىلدا ئارمىنىم.
1962
– يىل 27 – ئىيۇل، ئۈرۈمچى
ئۈرۈمچى ھەققىدە ناخشا
قۇياش چىقتى بوغدا*دىن،
نۇرلار تۆكۈپ شەھىرىمگە.
تاڭ
بىلەن تەڭ كۆز ئاچقان،
شەھىرىم يېقىن قەلبىمگە.
تاڭ
سەھەردە ياڭرايدۇ،
گۇدۇڭلىرىڭ ساداسى.
كەڭ
قوينۇڭدا ياڭرايدۇ،
يېڭى
ھايات ناۋاسى.
مەن
قارىسام باغرىڭغا،
گويا
باققا ئوخشايسەن.
مەيلى يۈز يىل ياشىماي،
گۈل
ھۆسنۈڭگە تويمايمەن.
مېنى
چوڭ قىپ ئۆستۈرگەن،
سەن
ئانامسەن گۈل شەھىرىم.
سەندە مەڭگۈ ياشىسام،
ئارمىنىم، مېنىڭ بەختىم.
1962
- يىل دېكابىر، ئۈرۈمچى
ياپراق
كۈزدۇر ئۆمرۈم بېغىدا بۇ كۈن،
شېخىدىن ئايرىلدى سېرىق يۇپۇرماق.
ئايرىلىپ چۈشتى- دە قۇچتى باغرىغا،
ياپراقنى قۇچاغلاپ شۇ ئانا تۇپراق.
پۇشمان يوق قەلبىمدە مەيلى چىرىتسۇن،
ياپراقنى كۆمسۇن يەر، غالىپ پەسىللەر.
چۈنكى شۇ تۇپراقتىن بوي سوزار كۆككە،
ۋەتەننىڭ باھارى، بىخلار- نەسىللەر.
1963
– يىل 4 – يانۋار، ئۈرۈمچى
كۆردۈم
يەنە
تۇغقان ئۆلكىدە باھارنى كۆردۈم،
ساپ
ھاۋاغا چۆمۈلگەن ناھارنى كۆردۈم .
ئاپپاق باشلىق تاغلارنىڭ باغرى گۈلىستان،
قۇياش بىلەن سۆيۈشكەن گۇلزارنى كۆردۈم.
قەلبىم كۆزى باغلارنىڭ ھۆسنىگە بەندە،
باغلار ئىچرە شاپتولا، ئانارنى كۆردۈم.
ھەر
بىر چىچەك چىراقتۇر ئاڭا ئاشىق بوپ،
پەرۋانىدەك ئشىق قويغان دىلدارنى كۆردۈم.
دىلدار ئېيتۇر: «بۇ يىلنىڭ نېمىتى چەكسىز.»
ئۇنىڭ كۈلگەن يۈزىدىن ۋىقار نى كۆردۈم.
باغلار ئاستا شىۋىرلار مەيىن شامالدا،
مول
ھۇسۇلغا يەڭ تۈرگەن دىيارنى كۆردۈم.
1963
– يىل 22 – فېۋرال، ئۈرۈمچى
كۆرۈنۇر
ھۆسنىگە باقسام ئېلىمنىڭ گۈل- گۈلىستان كۆرۈنۇر،
ۋادىسى جەننەت مەسەللىك بۇلبۇلىستان كۆرۈنۇر.
كىم
كۆرۈپتۇ كەڭ جاھاندا بۇ دىياردەك ئۆلكىنى،
گۈزىلى بولسا ئەگەردە ئۇندا نۇقسان كۆرۈنۇر.
كۈندۈزى كۈن، كەچتە ئاي ھەم رەشك ئېتەر باققانسىرى،
ھۆسنىگە قانماي ئېلىمنىڭ گاھى پەرىشان كۆرۈنۇر.
ھەر
باھاردا ئۆزگە يۇرتتىن كەلگەن پەلەكنىڭ قۇشلىرى،
تونىيالماي شۇ ئېلىمنى دائىم ھەيران كۆرۈنۇر.
قايدا يۈرمەي بۇندا يايراپ، ئۆز ئۆيۈم – تۇغقان يېرىم،
ھەر
غېرىچ يېرى شۇڭا تەن بىلەن جان كۆرۈنۇر،
بىباھادۇر بال تېمىتقان دەريالىرىنىڭ سۇلىرى،
جۇش
ئۇرۇپ تۇمرۇمدا ئاققان قىپ – قىزىل قان كۆرۈنۇر.
چۆلىدە يۈرسەم ۋەتەننىڭ شىۋاقلىرى بىر گۈل سۈپەت،
باغلار ئىچرە ھىد تاراتقان لالە – رەيھان كۆرۈنۇر.
تەرىپىگە سۆز يېتىشمەس بىپايان ئورمانلىرى،
كۆزلىرىمنى ئاسرىغۇچى گوياكى مىژگان كۆرۈنۇر.
تۇپرىغى دىللار ھۇزۇرى جانغا جان قوشقانمۇ شۇ،
تاغ
– تېشى ئۆلۈمگە مەشھۇر ئۇنچە – مارجان كۆرۈنۇر.
كىمكى تەرك ئەتسە ۋەتەننىڭ ئىشقىنى خا بىر نەپەس،
ئۇ
ئەبەتكە شور پىشانە خانۇ ۋەيران كۆرۈنۇر.
شائىرىڭ قەلبىدە بىرسەن، ئۆزگە دىلدار نە كېرەك،
جان
پىدا بولسۇن ئانام، سەندە ئىمكان كۆرۈنۇر.
1963
- يىل 1 – مارت، ئۈرۈمچى
مۇھەببەت
تۇنجى باھار، ئاسمان رەنجىپ يارىدىن،
تەنە
بىلەن يەرگە قاراپ سۇ تۆكتى.
يىگىت خاپا قىزنىڭ بىغەم رايىدىن،
قىز
پەرىشان كۆزلىرىدىن ئۆت ئۆچتى...
يەر
كۈتىدۇ ـ قىزمۇ كۈتەر، كۆپ ئۆتمەي،
بولۇت تارقاپ، يەر ياشنىدى، كۈلدى كۈن...
بۇلبۇل سايرار گۈل شېخىدا ھېچ ئۈزمەي،
بىر
جۇپ سايە گىرەلەشكەن ئايدىڭ تۈن...
بەزەن رەنجىش چىن سۆيگۈگە ھۆسنىدۇر،
شۇ
ھۆسنىدىن ـ ئىككى يۈرەك پۈتۈندۇر.
1963
ـ يىل، ئۈرۈمچى
ۋىسال ئارزۇلىرى
(1964 ـ 1969 ـ يىللار)
ئايرىلىش
گۈدۈك چېلىپ پويىز قوزغالدى،
ساڭا
قاراپ كۆزلىرىم تالدى.
كەتتىم يىراق ساڭا ھەمراھ بۇپ،
مېنىڭ سادىق يۈرىكىم قالدى.
يۈرىكىمنى ساقلىغىن مەھكەم،
مۇھەببىتىم بىر ساڭا ھەمدەم،
ئىشقىم ساقلار سېنى يات قولدىن،
ئىشقىم بولار دەردىڭگە مەلھەم.
يوللار ئۇزۇن يىراققا كېتەر،
ئىشقى زارىم چۆللەردىن كېلەر.
ھىجران يېشىڭ تۆكۈلگەن جايدا،
بىر
كۈن ۋىسال گۈللىرى ئۈنەر.
1964
ـ يىل 7 ـ نويابىر، ئۈرۈمچى ـ قۇمۇل
يېگانە قۇش
ئۇچىسەن يېگانە قۇش قېقىپ ئاستا قانىتىڭنى،
ئاڭلىدىم ئېگىز كۆكتىن سېنىڭ مۇڭلۇق سايرىشىڭنى.
قېنى
ئۇ سۆزۈك ئاسمان ۋىسال بىلەن ئۇچقان چاغلار،
رەھىمسىز قارا تەقدىر ئايرىدىمۇ ئامرىغىڭنى؟
بىلدىممەن سەنمۇ مەندەك باغرى يارا ـ خەستە جانسەن،
يۈرىكىم قانغا تولار ھەر ئاڭلىسام زارلىشىڭنى.
يەردىمەن، سەن كۆكتسەن، زارىمىز بىر شورلۇق قۇشۇم،
كۈتىسەن يار ۋەسلىگە يېتەر قۇتلۇق سائىتىڭنى.
زارلىما، بولۇت تارقاپ كۈنمۇ چىقار چاقناپ بىر كۈن،
يەتكەيسەن مۇرادىڭغا تېپىپ يارۇ ـ ئادىشىڭنى.
1965
ـ يىل قىش، قۇمۇل ـ قارا قاپچىن
مېنىڭ يۇلتۇزۇم
قىرلاردىن ـ قىرلار ئاشسام، تاغلاردىن ـ تاغ،
كۆڭلۈمدە سەن يار بارسەن ھەردەم ـ ھەر چاغ.
نىجاتلىق يۇلتۇزىسەن بۇ ئۆمرۈمنىڭ،
تاللىدىم بەختم دېدىم، ساڭا باقتىم.
پارلىساڭ ئۈمىدىمگە كېپىل بولۇپ،
ئىشقىڭنىڭ دەرياسىدىن تولۇپ ئاقتىم.
ئىخ،
پەلەك! بۇلۇت توستى نۇرلىرىڭنى،
قاخشىدىم قارا تۈندە يول ئاداشتىم.
مەجنۇندەك كەزدىم ھىجران چۆللىرىنى،
نامىڭنى يادلاپ قانچە داۋان ئاشتىم.
تىلىمنى كەستى دۈشمەن سېنى دېسەم،
دىلىمدا سېنى كۈيلەپ قوشاق قاتتىم.
ئۇچقۇنۇڭ قالدى دىلنىڭ چىڭ قېتىدا،
زىمىستان دەھشىتىدىن ئاسراپ باقتىم.
يۇلتۇزۇم پارلىساڭچۇ نۇرۇڭ چېچىپ،
تۈنلىرى سېنى كۈتۈپ بىدار ياتتىم.
شۇ
ئەجرىم ساقلىنارمۇ يۈرۈكۈڭدە،
ياق
ئىش ئازابىنى بىكار تارتتىم!؟
1965
ـ يىل قۇمۇل ـ قارا قاپچىن
ساباغا
باھار ئەييامى جاھان كۈلمىش ئاجايىپ كۈلكىسى بىلەن،
پۇراق ساچىپ سابا كەلمىش يېقىملىق خۇلقىسى بىلەن.
نەزەر سالسام تەبىئەتكە يېشىل لىباس كىيىپ شۇ دەم،
باھار پەيزىدە زۇق ئەيلەپ خوشلىشار ئۇيقىسى بىلەن.
سوئال قويدۇم شۇل ساباغا: «ھىدىڭ ياردى دىماغىمنى،
ئېلىپ كەلدىڭمۇ گۈل باغنى ئۇنىڭ خۇش گۈلچىسى بىلەن؟»
سابا
ئېيتۇر: «ئەجەپلەنمە، نىگارىڭ يوللىغان پۇراق شۇلكىم،
خەبەرچىڭ كەلگەن شۇ تەرەپتە گۈلۈڭ بار غۇنچىسى بىلەن.»
1966
ـ يىل باھار، داۋانچىڭ ـ كۈنگەيسۇ
كەچكۈزدە
كەچكۈز چېغى، كەڭ ئاسماندا ئوينار بولۇتلار،
گاھى
يىغلار، گاھى كۈلەر ئاسمان تۇرۇپلا.
غەمكىن ئاسمان ھۆسنىگە يەنە غەم قوشۇپ،
ئۈتەر تۇرنا توپلىرى «قۇۋ ـ قۇۋ» دەپ ئۇچۇپ.
ئۇلار بۇندىن تەرك ئېتىپ يېراققا كېتەر،
ئارمان ئەتكەن ئۆز يېرىگە تېز كۈندە يېتەر.
ئەركىن، ئازاد ئاۋات قىلار سۆيگەن جايىنى،
قۇش
بولسىمۇ تاشلىمايدۇ ئۆز ماكانىنى.
بىراق پەلەك مېنى خورلاپ ئوتلارغا ياقتى،
يىراقلارغا مېنى پالاپ قۇل قىلىپ ساتتى.
يىللار ئۆتەر كۆرەلمەيمەن ئۆز ماكانىمنى،
ئاتا
ـ ئانا، ئۇرۇق ـ تۇغقان، قېرىنداشىمنى.
يۇرتۇم تۇرۇپ مەن ياتلارغا بولدۇم خاربەندە،
بىر
ئەرزىمەس پېقىر قۇلمەن تۇغقان ۋەتەندە.
ئەركى يوقتۇر قىلغان ئىشىم، ئۆز مېھنىتىمنىڭ،
ھالاۋىتىن ياتلار كۆرەر تۈككەن تېرىمنىڭ.
ئۇچار مېنىڭ ئەمگەكلىرىم مەشئۇم شامالدا،
يىللار ئۆتەر دىل قەپەزدە، تاغلار قامالدا...
مەن
يىغلايمەن يېتەرمىكىن تەڭرىمگە ئاھىم...
قاچانغىچە دەش ـ چۆللەردە ئۇچار پەريادىم؟
1966
ـ يىل ياز داۋانچىڭ ـ كۈنگەيسۇ
ئىلتىجا
كۈلۈپ ئويغاندىڭ تەبىئەت پايانسىز كەڭرى ئۆلكەمدە،
كىيىپ رەڭدار ئېسىل لىباس ئاجايىپ پەيزى كۆكلەمدە.
كېلىپ يەتتى قۇچاقلاشقا پەسىللەر ئەركىسى كۆكلەم،
خىيالدا تەلمۈرۈپ دائىم قۇچاغىڭ نازدا كۈتكەندە.
ئاق
باشلىق ئېگىز تاغلار ياشاردى قايتا مېھرىڭدىن،
قۇياشىڭ جىلمىيىپ شۇدەم نۇرىنى تازا تۆككەندە.
يېشىللىقا چۈمۈلدى زەپ قىرلار، باغۇ ـ بوستانلار،
شاماللار قىيغىتىپ زوقمەن يۈزۈڭدىن ئاستا ئۈپكەندە.
كۆزۈم تىكسەم جامالىڭغا بولۇپمەن مەستۇ ـ مۇستەغرەق،
خىيالىم مەۋجى بىر دەريا بىر ئۆرلەپ، گاھى چۆككەندە.
باھارنىڭ بەزمىسى سازدۇر قېلىشماس گۈل چىرايىدىن،
جاھان كۈيلەر سېلىپ شاۋقۇن كۆز يۇممايدۇ بۇ كەمدە.
شۇنچە ئۇز، شۇنچە ئۇماق سەن تەبىئەت ئانا مېھرىڭلە،
كۆرۈنەر چۆللىرىڭ گۈلزار شۇ ياشلىق ئەمدى كەتكەندە.
شۇ
يۇرتۇم ئەمدى خەت چەككەن كېچە تال نۆۋدىسى ئەردىم،
دىلىم زارلايدۇ نەس يىللار نۇزۇك قەددىمنى ئەگكەندە.
ئىست
ئىنسان، ئىست ياشلىق! تاپارمۇ ئۆز باھاسىنى؟
ئۆتەر قانماي گۈل ھۆسنۈڭگە پەلەك چەرخى ئەجەپكەن ـ دە!
سېنى
دەپلا تۇغۇلسامدىم باھارىڭ ئىشقىدا ھەر كۈن،
كۆتەرسەم قەد گىياھىڭدەك ساقال كۆكسۈمگە يەتكەندە.
ئانا
تۇپراق كۆمسە كۆمسۇنلەر، نە ئارمان، شۇ نىجادىنى،
روھىم كۈيلەر سېنى مەڭگۈ ئاشۇ غەمخانە قەۋرەمدە...
1966
ـ يىل ياز، داۋانچىڭ ـ كۈنگەيسۇ
ئاي نۇرى
ئاي
نۇرى، ئاينىڭ نۇرى تۈڭلۈكۈمدىن،
جىلۋىگەر خۇلقى بىلەن مارىلايدۇ...
كۆرىمەن ئاي نۇرىدا ئامرىغىمنى،
بوستاندەك كىرپىگىدىن نۇر تارايدۇ.
ئاي
نۇرى ئاشىقلارغا بىرەر ھۆسىن،
ئۇمىقىم تاتلىق كۈلۈپ ئۇز قارايدۇ.
ھە،
بۈگۈن ئايغا ئون تۆت ـ سېھىرلىك تۈن،
بۇنداق چاغ قىز، يىگىتكە زەپ يارايدۇ.
قېنى
ئۇ، ـ دەيدۇ تال ـ تال ئاينىڭ نۇرى،
كەلمەسمۇ مەشۇقىمنى بەك سورايدۇ.
ئاي
نۇرى، بېرىپ ئويغات ئامرىقىمنى،
يار
كېلەر سەندىن ھەرگىز زارلىمايدۇ.
باغ
كۈتەر تەشنالىقتا جۇپلىرىنى،
بىز
بارماي باغ بەزمىسى قاينىمايدۇ.
باغ
كۈتەر، يولىمىزغا ئىنتىزار گۈل،
بىز
بارماي بۇلبۇل زۇقمەن سايرىمايدۇ.
ھاياتلىق شۇنچە گۈزەل ئىشقى بىلەن،
بىغەملەر بۇنى ھەرگىز ئايرىمايدۇ.
ياشلىقنىڭ بۈگۈنى بار، ئەتىسى يوق،
ئۇشبۇ دەم كېتەر مەڭگۈ قارىمايدۇ.
ئاي
نۇرى، ئاينىڭ نۇرى تۈڭلۈكۈمدىن،
جىلۋىگەر خۇلقى بىلەن مارىلايدۇ...
1966
ـ يىل ئۆكتەبىر، داۋانچىڭ ـ كۈنگەيسۇ
ياغلىقىڭ
ئال،
ـ دېدىڭ بەردىڭ قولۇمغا كۆڭلۈمنى ئالدى ياغلىقىڭ،
ئەسلىتىپ ھەر دەم سېنى ئوتلارغا سالدى ياغلىقىڭ،
كەلمىدىڭ ۋەدەڭ قۇرۇقكەن بەرگىنىڭ ھىجران چېغى،
سېغىنىپ كۆز ياشلىرىمنى ئېيتىشقا قالدى ياغلىقىڭ.
1967
ـ يىل، ئۈرۈمچى
دىلدار غەنىمەت
كۆرۈپ بېغىڭنى ھەيرانە بولدۇم،
سېنىڭ يولۇڭدا ۋەيرانە بولدۇم،
ئايدەك يۈزۈڭگە مەستانە بولدۇم،
كۆرسەت بويۇڭنى دىدار غەنىمەت.
كەلدىم سېنى دەپ شۇنچە يىراقتىن،
تەنلىرىم كۆيدى ئىشقى ـ پىراقتىن،
ئۆتتۈم قانچىلاپ تاپان تۇزاقتىن،
توسما يۈزۈڭنى دىدار غەنىمەت.
سۆيگۈ پەسلىدۇر باھار ئەييامى،
بۇ
باغ ۋىسالنىڭ ئۇلۇغ ئەشيانى،
بۇندا ئاشىقلار قالماس ئارمانى،
ئاچقىل كۆزۈڭنى دىدار غەنىمەت.
سازلا سازىڭنى جانلار سۆيۈنسۇن،
دوستلار شاد بولۇپ بىزگە كۆيۈنسۇن،
دۈشمەن قان يۇتۇپ گۆرگە كۆمۈلسۇن،
كۈيلە كۆيۈڭنى دىدار غەنىمەت.
ھىجران ئىلىدە مەن بىر بىچارە،
ئىشقى ئۇتۇڭدا بولدۇم دىۋانە،
لېۋىڭ مەيىدىن توشقاز پىيالە،
ئىچكۈز سۈيۈڭنى دىدار غەنىمەت.
باقساڭ بېشىمدىن كەتكەي بالالەر،
دەردىم سېنىڭدىن تاپقاي شىپالەر،
ئۆلسۇن رەقىبىم يۈزى قارالەر،
بەرگىل سۆزۈڭنى دىدار غەنىمەت.
كېچە
ـ يۇ كۈندۈز سەندە خىيالى،
بىر
ساڭا ئەيلەپ جانلار پىدايى،
نامىڭنى يادلاپ كەلدى نىجادى،
تۇتقىل گۈلۈڭنى دىدار غەنىمەت.
1969
ـ يىل ماي، غۇلجا
گۈلۈمگە
كاژ
پەلەك سالدى جۇدالىق مەنكى بۇلبۇل ناتاۋان،
شۇل
گۈلۈم جۇپ غۇنچىسىلە قالدى غەمكىن باغ بىلەن.
ئالدىمىزدا بىر ۋىسال بار، ئەي گۈلۈم، سۇلماس چېغىڭ،
ئەگمە مەغرۇر بويلىرىڭنى قايغۇ ـ ھەسرەت داغ بىلەن.
باققا خۇشتار بولبۇلۇڭ گۈل ئىشقىنى تەرك ئەتمىگەي،
ئۇ
كېلەر تۈننى يېڭىپ، گۈل ئېچىلغان چاغ بىلەن.
ئاي
ئۆتەر، يىللار ئۆتەر بىزگە ۋىسال يۈز ئاچقۇسى،
«كۆرۈشەلمەس مەڭگۈلۈككە ئالەمدە تاغلار تاغ بىلەن.»
1969
ـ يىل ياز، غۇلجا
زىنداندىن سادالار
(1969 ― 1979 ـ يىللار)
ئىرادە
چىن
پۇلاتتەك ئىرادە مەھكەم زىندان تېمىدىن،
ئوكيان سۈيى ئۈتەلمەس پۇختا بولسا كىمىدىن،
بىر
كۈن بۇندا ئېچىلار ئازادلىقنىڭ گۈللىرى،
ھۆرلۈك ئۈچۈن تۆكۈلگەن قەھرىمانلار قېنىدىن.
1969
ـ يىل 23 ـ ئىيۇن، بايانداي تۈرمىسى
قارىغاي
كۈر
چېغى، مۇدھىش جۇدۇن قۇتراپ، گۈرۈلدەپ بىر زامان،
باغ
ـ ۋارانۇ، تال ـ تېرەكنى بىر نەپەس قىلدى خازان.
سوقسا بوران، ئۇرسا يامغۇر، چۇققىدا مەزمۇت تۇرار،
گەۋدە كىرىپ شۇ جۇدۇندا تەۋرىمەي قارىغاي ھامان.
شاخلىرى سۇندى ۋاقىتسىز يەتتى قارغايغا شىكەست،
ياز
بويى پىشقان ئۇرۇقلار ئۇچتى بوراندا ھەر تامان.
تەلۋىسە ئاخماق جۇدۇن غالىب سانايدۇ ئۆزىنى،
بار
ھاياتلىق ئەركىنى قايسى كۈچ يەڭگەن، قاچان؟
كەلسە كۆكلەم تۈشمۇ تۈشتىن بېھېساب ياش نەۋدىلەر،
كەڭ
زېمىننى قاپلىغان قارغاينى دوراپ شادىمان.
1969
ـ يىل قىش، ئۈرۈمچى گۇڭئەنتىڭ تۈرمىسى
غېرىبىڭمەن
بۇ
دۇنياغا كۆز ئېچىپ سېنى بىلىپمەن،
سەنەمجانىم ئىشقىڭنى دىلغا سېلىپمەن.
بىلمەك بولساڭ زاتىمنى ئاشىق غېرىپمەن،
بىر
ئۆمۈرلۈك تاللىغان يارىم دېگەيسەن.
يىللار ئۆتەر ھىجرىڭدا ھەسرەت باشىمدا،
ياشىم ئەمەس، قان ئاقار تۆككەن ياشىمدا.
چۆل
باياۋان يېغلايدۇ مېنىڭ زارىمدا،
چۆللەر ئارا بوزلىغان نارىم دېگەيسەن.
كۈندۈز كۈنمەن ئاسماندا كېزەرمەن شۇتاپ،
يۈرىكىمنىڭ ئوتىدۇر چېچىلغان ئاپتاپ.
تۈنلەر بىدار كۈتەرمەن يولۇڭغا قاراپ،
ئېگىز كۆكتىن قارىغان ماھىم دېگەيسەن.
باغرى تاشتۇر رەقىبىڭ يولۇمغا چۈشتى،
قوللىرىدا قىلىچى ياقامدىن تۇتتى.
نىگاھىڭنى كۆرەرمەن يا ئۆمرۈم پۈتتى،
ياۋ
قولىدا قىينالغان جانىم دېگەيسەن.
1970
ـ يىل ماي، غۇلجا ئوبلاست تۈرمىسى
ياخشىلىق كۆرمىدىم
ياخشىلىق كۆرمىدىم ناكەس زاماندىن،
كۆپ
بىزار بولدۇممەن قان، ياش، پىغاندىن.
كۈن،
تۈنى زۇلمەتلىك مۇنداق ھاياتنىڭ،
نېمە
پەرقى باردۇر قارا زىنداندىن؟
1970
ـ يىل ياز، ئۈرۈمچى گۇڭئەنتىڭ تۈرمىسى
باغۋەنگە
باغۋىنى بەھرى ئالمىغان باغ ـ باغ ئەمەس، گۈلزار ئەمەس،
باغۋىنى تۇرسا بېشىدا بۇلبۇلى ھېچ خار ئەمەس.
كاژ
پەلەكنىڭ دەستىدىن بۇلبۇلنى گۈلدىن ئايرىدى،
باققا قوندى زاغىلەر ئۇلار چىمەنگە يار ئەمەس.
قەستى زاغنىڭ بۇ چىمەننى ئەيلىمەك بەرگى غازاڭ،
باققا سادىق بۇلبۇلىدەك گۈلگە ھېچ خۇمار ئەمەس.
باق
ئەنە، زاغ تۇمشىقىنى گۈل تامان سوزماق بولۇر،
ھەيدە باغۋەن قويما زاغنى، بۇ ئاڭا ئازار ئەمەس.
كەلدى كۆكلەم پەيزى بىلەن سەن چىمەننى شادى قىل،
گۈلنى دەپ بۇلبۇل كېلۈر ئۇندىن بېغىم بىزار ئەمەس.
ئەي
نىجادى، تۇر غازاتقا، باغنى قىل زاغدىن خالاس،
بەس
يېتەر، ئاھ ـ زار بىلەن چىن ئىشق ئىزھار ئەمەس.
1970
ـ يىل ياز، غۇلجا ئوبلاست تۈرمىسى
مۇھەببەتنامە
قۇشلار ئۇچار ئاسماندا يالغۇز ئەمەس جۇپ بولۇپ،
ئۆتەر بەلكىم ھايۋانلار بىر ـ بىرىگە خوپ بولۇپ.
شۇ
يېقىندىن ھەيرانمەن ئوتۇڭ چۈشتى يۈرەككە،
ئۇخلالمايمەن تۈنلىرى تاڭلار ئاتار يۇپ ـ يورۇق.
سوراپ باقسام يۈرەكتىن سەن ئىكەنسەن داۋاسى،
ئاڭلىغىنە، ئەي گۈلۈم، سۆزلىرىمگە دىل قويۇپ.
ئىشقىڭ چۈشتى يۈرەككە پىراق تەككەن بۇلبۇلمەن،
بۇ
ئۆمرۈمنى شاد قىلاي گۈللىرىڭگە بىر قونۇپ.
بۇلبۇل ئىشقى ئىشق ئەمەس، مېنىڭ ئىشقىم ئەبەتلىك،
ئۆتسەك دەيمەن دۇنيادىن ئايرىلماستىن قول تۇتۇپ.
رازى
بولساڭ بۈگۈندىن ماڭسۇن ئەلچى دوستلىرىم،
توي
باشلايلى ئوتتۇز قىز، ئوتتۇز ئوغۇل چىڭ تۇرۇپ.
مەن
بىر پېقىر مىسكىنمەن ھالال ئەمگەك ـ بايلىقىم،
تاپقىنىمنى قويايمەن توخۇ، ئۆردەك، قوي سۇيۇپ.
ياد
قىلايلى بىر تۈنى جۇپ ئاشىقلار روھىنى،
لەۋلىرىڭدىن ئىچەيمەن ئىسسىق ـ ئىسسىق چاي قويۇپ.
يازسام تۇرسۇن ئېتىمنى، سارغايتمىغىن يۈزۈمنى،
سەتلىمىگىن دۈشكەلەپ، تەتۈر قاراپ دومسۇيۇپ.
قاتتىق سۆزلەر ئېيتمىغىن دىل كۆتەرمەس خورلۇقنى،
غەرىبىڭنى رازى قىل، قۇرۇپ كەتمەي ياش تۇرۇپ.
خېتىم كەتتى سەن تامان يۈرىكىمدە جىق پىغان،
يازغىنمغا جاۋاب قىل، قايتۇرمىغىن قۇپ ـ قۇرۇق.
1970
ـ يىل ياز، غۇلجا ئوبلاست تۈرمىسى
|