|
ھازىرقى
زامان ئۇيغۇرتىلى
تۈزگۈچى: تاش رەھمان
1. تىل ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى
1. تىل
تىلنىڭ رولىدىن قارىغاندا، ئۇ ئالدى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە
قورالى ۋە تەپەككۇر قورالى. چۈنكى، ئىنساننىڭ ئىشلىتىۋاتقان ئالاقىلىشىش
قورالى يالغۇز تىللا ئەمەس، يېزىق، ئىما – ئىشارەت، قاتناش چىراغلىرى،
بايراق قاتارلىقلارمۇ كىشىلەر ئىشلىتىۋاتقان ئالاقىلىشىش قورالىدۇر. ئەمما
بۇ ئالاقىلىشىش قوراللىرى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدىغان مەزمۇن چەكلىك،
تىل ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدىغان مەزمۇن بولسا مىسلىسىز كۆپ. چوڭقۇر
مەنىلىك ئوي – پىكىرلەر، نازۇك ھېسسىياتلارنى تىل ئارقىلىق ئىپادىلەشكە
بولىدۇ. تىل يالغۇز ئالاقە قورالى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە تەپەككۇر
قورالىدۇر. تىلنىڭ تەپەككۇر قورالى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، تىل بىلەن
تەپەككۇر ھەر ئىككىسىنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ فۇنكسىيىسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش
كېرەك. بۇ يەردىكى تەپەككۇر ئەلۋەتتە ئۇقۇم، ھۆكۈم ۋە خۇلاسىلەرنىڭ
شەكىللىنىشىگە قارىتىلغان لوگىكىلىق ئابستراكت تەپەككۇردۇر. تىل بىلەن
تەپەككۇر ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىككىسى بىر
نەرسە ئەمەس. تىل ئاساسەن مىللەت بويىچە ئايرىلىدۇ. شۇڭا ئوخشىمىغان
مىللەتلەرنىڭ تىلى ھەرخىل بولىدۇ. تەپەككۇر قانۇنىيەتلىرى پۈتۈن
ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغاچقا، تەپەككۇر نەتىجىلىرىنى (ئىدىيىنى) تەرجىمە
قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىللىرى ئوخشاش
بولمىغاچقا، تەرجىمە قىلىش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ.
دېمەك، تىل ھەم ئالاقە قورالى ھەم تەپەككۇر قورالى. بۇ ئىككى تەرەپ
بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. تەپەككۇردىن
ئايرىلغان ھالدا پىكىر ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا گەپ ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.
پىكىر ئالماشتۇرۇش بولمىسا، ئالاقىلىشىش دېگەن يوق نەرسىگە ئايلىنىپ
قالىدۇ. ئالاقىلىشىش ئېھتىياجى بولمىسا، تىلمۇ پەيدا بولمىغان بولاتتى،
تەپەككۇر قورالى دەيدىغان نەرسىمۇ بولمىغان بولاتتى. مۇئەييەن بىر تىل
ئالاقە قورالى قىلىنمىسا، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تەپەككۇر قورالى بولۇش
سالاھىيىتىدىنمۇ مەھرۇم بولىدۇ.
2. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى
بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇيغۇر تىلىنى ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسى قىلغان
بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، بىر – بىرىنى چۈشىنىش ۋە
ئالاقە باغلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى — ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى
دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي تىلى بولغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر
تىلىنى ئىلمىي ئاساستا ئۆگىتىدىغان، تەتقىق قىلىدىغان پەنمۇ ھازىرقى زامان
ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت جەھەتتىن ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى،
تۈركىي تىللار ئائىلىسى، غەربىي ھون تىل تارمىقى ئىچىدىكى ئۇيغۇر – قارلۇق
تىللىرى گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ تىل بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشاشلا
ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئۇيغۇر يېزىق تىل تارىخىنى ئۆزىنىڭ ئومۇمىي
تارىخىي تەرەققىيات جەريانىغا ئاساسەن ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى
(مىلادىيىنىڭ ئالدى - كەينىدىن 9 - ئەسىرگىچە قوللانغان تىلنى كۆرسىتىدۇ )،
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى (9 – ئەسىردىن 13 – 14 - ئەسىرلەرگىچە قوللانغان تىلنى
كۆرسىتىدۇ)، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى ياكى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى (13 -
ئەسىردىن 20 - ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىغىچە قوللانغان تىلنى
كۆرسىتىدۇ) ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى (20 - ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدىن
باشلاپ شەكىللەنگەن تىلدۇر) دېگەن تۆت چوڭ دەۋرگە بۆلۈش مۇمكىن.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى — پۈتكۈل ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتىنىڭ مۇشۇ
زامانىمىزدىكى ھاسىلاتى. شۇنداقلا، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر
تىلى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ مەركىزىي دىئالېكت
ئاساسىدا ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى
بولۇپ تۇرغان ئۈرۈمچى تەلەپپۇزىنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا يېزىق شەكلى ۋە
جانلىق تىل شەكلى جەھەتتىن خېلى قېلىپلاشتۇرۇلغان ئەدەبىي تىلدۇر. ئۇ
دەۋرىمىزدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئورتاق ئالاقە قورالى بولۇپ خىزمەت
قىلىۋاتقانلىقى نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئورتاق مىللىي تىلدۇر.
2 . دىئالېكت ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكتلىرى
1. دىئالېكت
دىئالېكت — ئومۇمىي خەلق تىلىنىڭ رايون خاراكتېرلىك تارمىقىدۇر. ئۇ مەلۇم
جەمئىيەتنىڭ مەلۇم رايونىدىكى خەلقنىڭ ئالاقىلىشىش قورالى بولۇپ، ئۆزىگە
خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئەمما، دىئالېكتنى ئورتاق تىلدىن ياكى باشقا
دىئالېكتلاردىن پەرقلىنىدىغان ئايرىم سۆزلەرنىڭلا تەلەپپۇز قىلىنىشى دەپ
قاراشقا بولمايدۇ. ئۇ ئورتاق تىل بىلەن ئوخشاشلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان
سۆزلۈك ۋە گرامماتىكىدىن تەشكىل تاپقان بىر پۈتۈن سىستېما، دىئالېكت بىر
جەمئىيەت دائىرىسىدىكى ھەرقايسى رايونلارنىڭ پۈتۈنلەي پارچىلىنىپ
كەتمىگەنلىكى ياكى بىرقانچە جەمئىيەتنىڭ پۈتۈنلەي بىرلىككە كېلىپ
بولالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. دىئالېكتلار ئارىسىدىكى پەرق
ئالدى بىلەن فونېتىكا جەھەتتە، ئاندىن قالسا سۆزلۈك جەھەتتە كۆرۈلىدۇ.
گرامماتىكا جەھەتتىكى پەرق يوق دېيەرلىك ياكى ناھايىتى ئاز بولىدۇ.
بىر دىئالېكت ئىچىدە بىر – بىرىدىن مەلۇم جەھەتتىن پەرقلىنىدىغان
رايونلارنىڭ تىلى شېۋە دەپ ئاتىلىدۇ.
دىئالېكت ئورتاق تىلنىڭ رايون خاراكتېرلىك تارمىقى بولسا، شېۋە دىئالېكتنىڭ
يەرلىك تارمىقىدۇر. بىر تىلدىكى دىئالېكت – شېۋە پەرقلىرى ھەرقانچە چوڭ
بولسىمۇ، ئورتاقلىقلار يەنىلا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. مەدەنىيەت، مائارىپ،
نەشرىياتچىلىق، قاتناش ۋە رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا
ئەگىشىپ، دىئالېكت – شېۋە پەرقلىرى كىچىكلەپ بارىدۇ. دىئالېكتلار مەيلى
لېكسىكا جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى گرامماتىكا جەھەتتىن بولسۇن، ئەدەبىي تىلنى
بېيىتىدىغان مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەلۇم بىر تىلنىڭ
دىئالېكتلىرى ئىچىدە مەلۇم بىر دىئالېكت ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشىگە
ئاساس بولىدۇ. ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغۇچى دىئالېكت
يېتەكچى دىئالېكت ياكى مەركىزىي دىئالېكت دەپ ئاتىلىدۇ. ئەينى بىر تىلنىڭ
دىئالېكتلىرى ئىچىدە قايسىسىنىڭ يېتەكچى دىئالېكت بولۇشى كىشىلەرنىڭ
سۇبيېكتىپ ئارزۇسىغا ئەمەس، بەلكى مەلۇم دىئالېكتنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتتە
تۇتقان ئورنىغا باغلىق. ئەگەر مەلۇم بىر دىئالېكت رايونى جەمئىيەتنىڭ
سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولسا، ئۇ كەڭ تەسىرگە ھەم
ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن مەركىزىي (يېتەكچى) دىئالېكت
بولۇپ قالىدۇ.
2. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكتلىرى
ھەرقانداق بىر تىلنىڭ دىئالېكتلىرىنى ئايرىشتا مەلۇم ئىلمىي ئاساسقا ئىگە
پرىنسىپ ئۆلچەم قىلىنىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكتلىرىنى
ئايرىشتا، پېئىللارنىڭ ھازىرقى، كەلگۈسى زامان فورمىسى بىلەن پۈتمىگەن
سۈپەتداش فورمىسى ئۆلچەم قىلىنغان. بۇ ئۆلچەم بويىچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر
تىلى مەركىزىي دىئالېكت، خوتەن دىئالېكتى ۋە لوپنۇر دىئالېكتىدىن ئىبارەت
ئۈچ دىئالېكتقا بۆلۈنىدۇ.
مەركىزىي دىئالېكت شەرقتە قۇمۇلدىن غەربتە ئىلىغىچە، شىمالدا ئۈرۈمچىدىن
جەنۇبتا يەكەنگىچە بولغان رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دېئالېكت
رايونى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۇيغۇرلار ياشايدىغان جايلارنىڭ تەخمىنەن
تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ ۋە بۇ دىئالېكتتتا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ
سانى باشقا ئىككى دىئالېكتتتا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدىن تەخمىنەن
بەش ھەسسە ئارتۇق. بۇ دىئالېكت رايونى ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتىن
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدا، شۇنىڭدەك كېيىنكى دەۋرلەردە مەركەز بولۇپ كەلگەن
قەشقەر، تۇرپان، ئىلى، قۇمۇل، كۇچا، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق مەدەنىيەت
مەركەزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى باشقا دىئالېكت
رايونلىرىغا نىسبەتەن يۇقىرى، شۇنىڭدەك بۇ دىئالېكتنىڭ ئەدەبىي تىلىمىزغا
يېقىنلىق دەرىجىسى باشقا دىئالېكتلارغا قارىغاندا ئۈستۈن. مانا بۇلار
مەزكۇر دىئالېكتنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىدە
يېتەكچى دىئالېكت بولۇشىدىكى سەۋەبلەردۇر.
خوتەن دىئالېكتى شەرقتە چاقىلىق، غەربتە گۇما ناھىيىسىگىچە بولغان توققۇز
ناھىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خوتەن دىئالېكتى تەۋەسىدىكى ھەرقايسى
ناھىيىلەر ئارا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە بەزى شېۋە پەرقلىرى بار.
لوپنۇر دىئالېكتى لوپنۇر ناھىيىسى تەۋەسىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە
ئالىدۇ. بۇ دىئالېكتنىڭ دائىرىسى تار، سۆزلىشىدىغان ئادەم سانى باشقا ئىككى
دىئالېكتقا قارىغاندا خېلىلا ئاز بولسىمۇ، فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكا
جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى باشقا ئىككى دىئالېكت بىلەن سېلىشتۇرغاندا مەلۇم
پەرقلەرگە ئىگە بولغاچقا، ئايرىم بىر دىئالېكت قىلىپ بېكىتىلگەن.
3 . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە ئۇنىڭ نورمىلىرى
1. ئەدەبىي تىل ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش
ئورتاق تىلنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلغان شەكلى ئەدەبىي تىل دەپ ئاتىلىدۇ.
قېلىپلاشتۇرۇلغانلىقى (ئۆلچەملەشتۈرۈلگەنلىكى) ئۈچۈن ئۆلچەملىك تىل دەپمۇ
ئاتىلىدۇ.
ئەدەبىي تىل يېزىقچە ۋە ئېغىزچە شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئەدەبىي
تىلنىڭ يېزىقچە شەكلى (يېزىق تىلى) ئەدەبىي، سىياسىي، ئىلمىي ئەسەرلەر،
دەرسلىكلەر ۋە گېزىت – ژۇرناللاردا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئېغىزچە شەكلى (ئېغىز
تىلى) رادىئو، تېلېۋىزىيە، كىنو، سەھنە، دەرسخانىلاردا ۋە باشقا رەسمىي
سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش دېگەنلىك، ئورتاق تىلغا فونېتىكا، سۆزلۈك، گرامماتىكا
ۋە يېزىق قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆلچەم بەلگىلەش دېمەكتۇر. دىئالېكتلارنىڭ
سىڭىپ كىرىشى، باشقا تىللارنىڭ تەسىرى، شەخسلەرنىڭ ئىجادىيىتى ۋە قەدىمكى
تىللارنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تىلدا
دائىم چۈشىنىكسىز ئەھۋاللار ئۇچرايدۇ. بۇنداق چۈشىنىكسىز ئەھۋاللارنىڭ
مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كىشىلەرنىڭ ئالاقىلىشىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ
ئۈچۈن ھاجەتسىز نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاش، ئېنىقسىز نەرسىلەرنى ئازايتىپ،
بىردەكلىكنى كۈچەيتىش، مانا مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى شۇ تىلنىڭ ئىچكى
تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش بولىدۇ.
تىلنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئۆلچىمى شەخسلەرنىڭ سۇبيېكتىپ خاھىشى بىلەن ئەمەس،
بەلكى ئوبيېكتىپ ئاساس بويىچە بېكىتىلىدۇ، يەنى سۆزلۈك ۋە گرامماتىكا
جەھەتتە مەركىزىي دىئالېكت، فونېتىكا جەھەتتە مەركىزىڭ دىئالېكت رايونىدىكى
مەلۇم بىر نۇقتا ئۆلچەم قىلىنىدۇ. تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش تىلنىڭ
تەرەققىياتىنى بوغۇش ياكى چەكلەش ئەمەس، بەلكى تىلنىڭ ساغلام تەرەققىي
قىلىشىنى، ئۇنىڭ ئالاقە قوراللىق رولىنىڭ ياخشى جارى قىلىنىشىنى
كاپالەتلەندۈرۈش، شۇنىڭدەك تىلنىڭ ئىگىسى بولغان مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ
يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. زامانىۋېلىشىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان
بىر مىللەت، ئەلۋەتتە، ئۆزىنىڭ تىل – يېزىقىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشى ۋە
قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك. مۇنداق قىلىش شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە
ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
2. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ نورمىلىرى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ نورمىلىرى، يەنى ئىملا قائىدىسى
بىلەن تەلەپپۇز قائىدىسى ئەدەبىي تىلنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئۆلچىمىدۇر.
ئەدەبىي تىل نورمىسىدا يېزىش ۋە سۆزلەش يالغۇز تىل خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسى
بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن مىللەتنىڭ پەن – مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى
يۈكسەلدۈرۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەدەبىي
تىل نورمىسىدا يېزىش ۋە سۆزلەش كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى
باھلايدىغان ئۆلچەملەرنىڭ بىرى، شۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي
تىلىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى، تەربىيە كۆرۈش دەرىجىسى قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ
روشەن بەلگىلىرىدىن بىرى. ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن
تەلەپپۇز قائىدىسىدە يېزىش بىلەن تەلەپپۇز قىلىشتا پەرقلىنىدىغان بەزى
ھادىسىلەرگە مۇۋاپىق قائىدە بېرىلگەن. كىشىلەر كۆپ ھاللاردا، ئۆزلىرىنىڭ
ئادىتى نۇقتىسىدىن، ئۆزىگە قۇلاي بولۇش نۇقتىسىدىن، سۆزلەرنىڭ يېزىلىشى
بىلەن ئوقۇلۇشىنىڭ بىردەك بولۇشىنى، يەنى قانداق يېزىلغان بولسا، شۇنى
ئەينەن ئوقۇش، قانداق تەلەپپۇز قىلىنسا، شۇ بويىچە يېزىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ئەمما تىل بىلەن يېزىق ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي ھادىسە. شەخسلەر
پەقەت پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق ئېتىراپ قىلغان قائىدە بويىچە سۆزلەش ۋە
يېزىشقا مەجبۇر. ئەدەبىي تىل نورمىسى شۇ تىلنى تېخىمۇ بېيىتىش، تېخىمۇ
ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، شۇ تىلنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە
ئۇيغۇنلاشقان ھالدا جەمئىيەتنىڭ (جەمئىيەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ھاكىمىيەت
ئورگانلىرى، تىل – يېزىق مۇتەخەسسىسلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك
خادىملارنىڭ) مەقسەتلىك ئارىلىشىشى ئارقىسىدا مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ خىل
نورما تەبىئىي ھالدا شەخسلەرنىڭ بەزى ئادەتلىرىنى رەت قىلىدۇ.
1) ئىملا قائىدىسى
(1) ئىملا قائىدىسى ۋە ئۇنىڭ رولى
ئىملا قائىدىسى توغرا يېزىش قائىدىسى دېگەنلىك بولۇپ، مەلۇم بىر ئەدەبىي
تىلدا سۆزلىشىدىغان ھەم شۇ تىل ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغان بارلىق
كىشىلەرنىڭ توغرا يېزىشىنى تەمىن ئېتىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ يېزىقتا ئورتاق
ئەمەلىي قىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدىلەر سىستېمىسىدۇر.
ئىملا قائىدىسى ئۆز يېزىقىغا ئىگە بولغان ھەر مىللەت خەلق مەدەنىيىتىنىڭ
تەرەققىياتى، مۇكەممەللەشكەن يېزىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،
ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن –
تېخنىكا، ئاخبارات، نەشرىيات ئىشلىرىدا ئەدەبىي تىلنىڭ توغرا يۈرگۈزۈلۈشىگە
يېتەكچىلىك قىلىدىغان، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە تىلنىڭ قېلىپلىشىپ،
تاكامۇللىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم قورالدۇر. مانا بۇ ئۇنىڭ رولى.
(2) ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشنىڭ پرىنسىپلىرى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا
قائىدىسىنى تۈزۈشتىكى يېتەكچى پرىنسىپ
ئېلىپبەلىك يېزىقلاردا ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشتە تۆۋەندىكىدەك پرىنسىپلار
قوللىنىلىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر – ئىككىسى يېتەكچى پرىنسىپ
قىلىنىدۇ.
① فونېتىكىلىق پرىنسىپ — سۆز ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچىلىرى ئەدەبىي جانلىق تىلدا
قانداق تەلەپپۇز قىلىنسا، يېزىقتا ئېلىپبەدىكى ھەرپلەر بىلەن ئىمكانىيەت
يار بەرگەن دائىرىدە تەلەپپۇز قىلىنغىنى بىلەن ئوخشاش يېزىش دېگەنلىكتۇر.
مەسىلەن، ئىجات – ئىجادىي، ئىقتىسات – ئىقتىسادىي...
② مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ — سۆزلەرنىڭ جانلىق تىلدىكى تەلەپپۇزىنى ئاساس
قىلماي، ئۇنىڭ مورفولوگىيىلىك قۇرۇلمىسىنى ئاساس قىلىپ، سۆزنىڭ يىلتىزىنى
ئۆزگەرتمەي يېزىش دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن، ئازاب – ئازابى، تەركىب – تەركىبى،
جاۋاب – جاۋابى،...
③ تارىخىي پرىنسىپ — تىلنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەرەققىياتى جەريانىدا سۆزلەرنىڭ
ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى مەلۇم بىر شەكىلدە قېلىپلىشىپ قېلىشى ۋە شۇنداق
يېزىلىشىغا قارىتىلغان. مەسىلەن، باغاق (بار + غاق)، بۆك (بۆرك)، يامغۇر
(ياغمۇر) ...
④ ئايرىش پرىنسىپى — مەنە جەھەتتىن ئايرىلغان سۆزلەرنىڭ يېزىقتىكى شەكلىنى
پەرقلەندۈرۈپ بېرىش. مەسىلەن، ئەتىۋار – ئېتىبار، زېھىن – زەن، غۇبار –
غۇۋا...
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىدە ئومۇمەن مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ يېتەكچى
پرىنسىپ قىلىنغان. پۈتۈنلەي مورفولوگىيىلىك پرىنسىپقا تارتقىلى
بولمايدىغان، مۇنداق قىلىنسا، جانلىق تىلدىن كۆپ دەرىجىدە يىراقلىشىپ
كېتىدىغان، خەلق تىلىدا كۆپ ئىختىلاپ بولماي، ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالغان
سۆزلەردە مۇۋاپىق دەرىجىدە باشقا پرىنسىپلارغا ئېتىبار بېرىلگەن.
(3) ئىملا قائىدىسىنىڭ مەزمۇنلىرى
① سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى — بۇ مۇنداق ئىككى جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
: بىرى، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئورۇن ئاھاڭداشلىقى — سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى
سوزۇق تاۋۇشنىڭ تىل ئالدى ياكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بولۇشىغا قاراپ،
قوشۇمچىلارنىڭ شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن، ئال +
غان، كەل + گەن...
يەنە بىرى، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ لەۋ ئاھاڭداشلىقى — لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش
بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە ۋە ئاخىرقى بوغۇملىرىدا لەۋلەشكەن
سوزۇق تاۋۇش كەلگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ لەۋلەشكەن سوزۇق
تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن، يول + لۇق، ئۈزۈم + لۈك...
؛ لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە ۋە ئاخىرقى
بوغۇملىرىدا لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش كەلگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە
قوشۇمچىلارنىڭ لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ.
مەسىلەن، ياز + لىق، بىلىم + لىك،...
② ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى — ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە
قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، تۈپ سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشتا پەيدا بولغان
فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر يېزىقتا ئىپادىلەنمەيدۇ. مەسىلەن، ئاتاق + لىق =
ئاتاقلىق (ئاتاغلىق ئەمەس)، كېرەك + لىك = كېرەكلىك (كېرەكلىك ئەمەس) ؛ «د،
ب » دىن باشقا جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە
قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى ھەمدە
جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ
جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن، باج +
دىن، ئاچ + قان...
③ تۈپ سۆز ۋە ياسالما سۆزلەرنىڭ ئىملاسى — تۈپ سۆز ۋە ياسالما سۆزلەر بىر –
بىرىدىن ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن، چۈش ئىنسانلار يەر يۈزىگە ئاپىرىدە
بولغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن مۇستەسنا بولغىنى
يوق.
④ بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى — بىرىككەن سۆزلەر فونېتىكىلىق پرىنسىپ
بويىچە قوشۇپ يېزىلىدۇ. بىرىككەن سۆزلەرنىڭ تەركىبىي قىسىملىرى
ئوتتۇرىسىدىكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ئاساسەن ساقلىنىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن،
ئاشتاختا، كۆزەينەك، قارىمۇچ، ئەتىياز، بالىياتقۇ، بەلۋاغ، بەڭۋاش...
ئىككى سۆزنى بىرىكتۈرۈش يولى بىلەن قويۇلغان كىشى ئىسىملىرى، يەر ناملىرى
قوشۇپ يېزىلىدۇ. ئىككى تەركىبىي قىسىم ئوتتۇرىسىدىكى سوزۇق، ئۈزۈك
تاۋۇشلارنىڭ فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشى ساقلانمايدۇ. مەسىلەن، شامالباغ،
قۇمباغ، مارالبېشى، ئەمەتباقى، ئارا ئۆستەڭ، قاراماي، تۇرسۇنمۇھەممەت،
مۇھەممەتسىدىق، قادىرئاخۇن، توختىقارى...
ئۈچ ياكى تۆت سۆزدىن تەركىب تاپقان بىرىككەن سۆزلەردە بىرىكىش ئىقتىدارىغا
قاراپ، ئالدىنقى ياكى كېيىنكى ئىككى تەركىب قوشۇپ يېزىلىدۇ. ئۈچ ياكى تۆت
سۆزنى قوشۇپ يېزىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن : غازقانات ئوت، كۆزەينەكلىك يىلان،
ياۋا قامچىگۈل...
⑤ جۈپ سۆزلەرنىڭ ئىملاسى — جۈپ سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ.
مەسىلەن، ئاتا – ئانا، بالا – قازا، ئارىلاپ – ئارىلاپ، جاي – جايىدا، بىر
– بىرىنىڭ، زامان – زاماندىن، كۈندىن – كۈنگە...
⑥ سانلارنىڭ ئىملاسى — دەرىجە سانلار رەقەم بىلەن يېزىلسا، كەينىدىن دەرىجە
سان بەلگىلىسى (-) قويۇلىدۇ. مەسىلەن، 12 – قىسىم، 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى...
ئەگەر بىرقانچە دەرىجە سان قاتار كېلىدىغان بولۇپ قالسا، مەيلى ھەرپلىك
ئىپادىسى بولسۇن، مەيلى رەقەملىك ئىپادىسى بولسۇن، ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ.
مەسىلەن، ئىككىنچى، ئۈچىنچى سىنىپلار ؛ نويابىرنىڭ 21 -، 22 – كۈنلىرى ...
تۆت خانىلىقتىن يۇقىرى بولغان ساناق سانلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن سانلىق
مەلۇماتلاردىكى ساناق سانلار ئارىلاش يېزىلسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، 532 مىڭ
424 كىلوگرام بۇغداي ؛
ئاددىي كەسىر ۋە ئونلۇق كەسىرلىك سانلارنى ھەرپلىك ئىپادە بىلەن يازغاندا،
بەشتىن ئۈچ (5 / 3)، ئۈچ پۈتۈن ئوندىن ئىككى (2. 3) دەپ يېزىلىدۇ.
بىر ئىش ياكى ۋەقەنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بىلەن تاماملىنىش نۇقتىسىنى
بىلدۈرىدىغان سانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت سۆز بىلەن ئىپادە
قىلىنمىسا، ئوتتۇرىغا سىزىق قويۇلۇپ، ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ. ئەگەر
مىلادىيە يىللىرى ھېسابى بولۇپ قالسا، كىچىك سان ئالدىغا، چوڭ سان كەينىگە
يېزىلىدۇ. مىلادىيىدىن بۇرۇنقىلىرىدا چوڭ سان ئالدىغا، كىچىك سان كەينىگە
يېزىلىدۇ. مەسىلەن، لى بەي (701 – 762)، پلاتون (مىلادىيىدىن ئىلگىرى 427
– 347).
رىم رەقەملىرى ئەسىرلەر، سۇلالىلەر، كىتاب بابلىرى ۋە توملىرىنى
ئىپادىلەشتە دەرىجە سانلار ئورنىدا، خىمىيە فورمۇلىلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ.
مۇنداق ئەھۋالدا رىم رەقەملىرىدىن كېيىن ھېچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ.
مەسىلەن، باب، ئەسىر، توم، كاربون ( ) ئوكسىدى...
مەلۇم مۇددەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان كۆرگەزمە ياكى يەرمەنكىلەردىكى
يىلغا ۋەكىللىك قىلىدىغان سانلاردىن كېيىن «- يىللىق» دېگەن سۆزنى قوشماي،
خەلقئارا قائىدە بويىچە تۈگىگەن ئەسىرنىڭ بەلگىسى شۇ يىلنى بىلدۈرىدىغان
ساننىڭ باش تەرىپىگە يېزىپ قويۇلىدۇ. مەسىلەن، 94 ئۈرۈمچى چېگرا سودا
يەرمەنكىسى...
رەقەم بىلەن يېزىلغان سانلار، جۈملىدىن پىرسەنت بەلگىسى بىلەن يېزىلغان
سانلاردىن كېيىن ئەگەر شەخس قوشۇمچىسى قوشۇشقا توغرا كەلسە، شەخس قوشۇمچىسى
سانلارغا بىۋاسىتە ئۇلاپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن، بۇ دەپتەرنىڭ 14 ى تۇرسۇننىڭ،
16 سى سەمەتنىڭ، ۋەزىپىنىڭ %90 ى ئورۇندالدى...
فورمۇلىلار سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ. مەسىلەن :
...F
= ma
ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ يېزىلىش يۆنىلىشىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ
يېزىلىدۇ. مەسىلەن، سۇنىڭ ئېقىش مىقدارى : سېكۇنتىغا 20 لېتىر.
كۆپ خانىلىق سانلارنى ئىپادىلەشتە سانلارنىڭ ھەر ئۈچ خانىسىدىن كېيىن بىر
ئوڭ پەش ( ,) قويۇلىدۇ، ئونلۇق كەسىردە بولسا، پۈتۈن سان بىلەن پارچە سان
ئارىسىغا چېكىت (.) قويۇلىدۇ. مەسىلەن، 516 , 221، 435 , 224 , 1، 3.
5...
پاراگراف بەلگىسى (§) ساندىن كېيىن يېزىلىدۇ، پاراگراف بەلگىسىدىن كېيىن
چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن، 1 .، 2 ...
⑦ باغلىغۇچىلارنىڭ ئىملاسى — باغلىغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئالدى ۋە كەينىدىكى
سۆزلەردىن ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن، پاكىز ھەم رەتلىك...
⑧ تىركەلمىلەرنىڭ ئىملاسى — بۇلارمۇ ئۆزىنىڭ ئالدى ۋە كەينىدىكى سۆزلەردىن
ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن، كىم توغرۇلۇق، مېنىڭ ئۈچۈن...
⑨ئۇلانمىلارنىڭ ئىملاسى — ئۇلانمىلار ئومۇمەن ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى سۆزلەرگە
قوشۇلۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن، مەنغۇ كېلەرمەن، شۇنداققۇ دەيمەن،... پەقەت «
دە، ھە» ئۇلانمىلىرى يېزىق ئەنئەنىمىزگە ئاساسەن، ئالدىدىكى سۆزلەردىن
سىزىقچە ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن، شۇنداق ئويلاپسەن – دە،
ئۇلارنىڭ غەيرىتى نېمىدېگەن ئۈستۈن – ھە !
⑩ ياردەمچى پېئىللارنىڭ ئىملاسى — «ئال – قال -، سال – بول -، كەل - »
پېئىللىرى ئۆتكەن زامان ۋاسىتىلىك بايان رايى فورمىلىسىدا كەلسە ياكى
ئۆتكەن زامان ۋاسىتىلىك بايان رايى فورمىسىدا كېلىپ تۈسنى بىلدۈرسە، مەزكۇر
پېئىللارنىڭ ئاخىرىدىكى «ل» تاۋۇشى جانلىق تىلدا چۈشۈپ قالىدۇ ۋە شۇنداق
يېزىلىدۇ. مەسىلەن، ئاپتۇ، قاپتۇ، ساپتۇ، بوپتۇ، كەپتۇ... ئەگەر بۇ
پېئىللار ئۆتكەن زامان ۋاسىتىسىز بايان رايى فورمىسىدا كەلسە ۋە مۇشۇ
فورمىدا كېلىپ، مۇشۇ پېئىللارغا تۈسلۈك مەنە ئارتتۇرسا، ھەر ئىككى
فورمىدىكى ئەھۋالدا «ل» تاۋۇشى چۈشۈرۈلمەي يېزىلىدۇ. مەسىلەن، ئېلىۋالدى،
ئېلىپ قالدى، سېلىپ قالدى، كېلىپ بولدى... بۇ پېئىللاردىن پەقەت «ئال - »
پېئىلى ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا تۈسلۈك فورمىدا كەلسە، ئالدىدىكى پېئىلغا
قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن، ئېلىۋالدى، كۆرۈۋاپتۇ...
«ئال - » پېئىلى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارنىڭ ئاخىرىغا
«ئا، ئە، ي» قوشۇمچىلىرى قوشۇلۇش بىلەن ياسالغان رەۋىشداشلاردىن كېيىن
كېلىپ، ئىمكانىيەت تۈسىنى بىلدۈرسە، مەزكۇر «ي» تاۋۇشى چۈشۈپ قالمايدۇ ھەم
شۇنداق يېزىلىدۇ. مەسىلەن، ئىشلىيەلەيمەن...
«ئات - » پېئىلى «پ » لىق رەۋىشداشلاردىن كېيىن كېلىپ، تۈسلۈك مەنە
بىلدۈرسە، جانلىق تىلدا «ئەت -» كە ئايلىنىپ كېتىدۇ ۋە ئالدىنقى پېئىلغا
قوشۇپ يېزىلىدۇ، رەۋىشداشتىكى « پ » تاۋۇشى «ۋ» غا ئايلىنىدۇ. ئىملادا ھەم
شۇنداق يېزىلىدۇ. مەسىلەن، تاشلىۋەت -، ئوقۇۋەت -...
«بەر -» پېئىلى «ئا، ئە» بىلەن ياسالغان رەۋىشداشلاردىن كېيىن كېلىپ، تۈس
مەنىسىنى بىلدۈرسە، مەزكۇر «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى «ئى»غا ئاجىزلىشىدۇ، «بەر -
» پېئىلىدىكى «ب» تاۋۇشى «ۋ»غا ئۆزگىرىدۇ، ھەر ئىككى خىل فونېتىكىلىق
ئۆزگىرىش ئىملادا ساقلىنىدۇ. مەسىلەن، يېزىۋەر، كۆرىۋەر...
سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارنىڭ رەۋىشداش فورمىسى «ي» بىلەن
ياسىلىپ، تەلەپپۇزدا ۋە يېزىقتا چۈشۈپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، مۇنداق
پېئىللاردا مەزكۇر «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى ئاجىزلاشمايدۇ ۋە ئاجىزلاشمىغىنى
بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن، ئىشلەۋەر، ياساۋەر...
«ئىكەن، ئىدى، ئىمىش» ياردەمچى پېئىللىرى نۇرغۇن سۆزلەر بىلەن بىللە كەلسە،
ئالدىدىكى سۆزلەردىن ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن، كىتاب ئىدى، قىزىل ئىكەن،
قىزىل ئىمىش، شۇنداق ئىكەن... بۇ پېئىللار سۈپەتداشلار، رەۋىشداشلار ۋە
پېئىللارنىڭ شەرت – پەرەز رايى، ئۆتكەن زامان ۋاسىتىلىك بايان رايىدىن
كېيىن كەلسە، ئالدىدىكى تەركىبلەرگە قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن، ئوقۇغانىدى،
ئوقۇغانىكەن، ئوقۇغانمىش...
⑾
خەنزۇ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى — خەنزۇ تىلىدىن تىلىمىزغا
بۇرۇن كىرىپ ئۆزلىشىپ كەتكەن سۆزلەر ئۆزلەشكىنى بويىچە يېزىلىدۇ. كېيىنرەك
قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر، كىشى ئىسىملىرى، يەر ناملىرى، پەن – تېخنىكا
ئاتالغۇلىرى تىلىمىزنىڭ خۇسۇسىيىتىگە، تىلىمىزنىڭ فونېتىكىلىق
ئالاھىدىلىكىگە، يېزىقىمىزنىڭ ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە قاراپ مۇمكىنقەدەر
ئەينەن يېزىلىدۇ.
خەنزۇ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەردىكى تاق يۈنمۇ « » ھەم قوشما يۈنمۇ «
» لار پۇتۇڭخۇا تەلەپپۇزى بويىچە ئەينەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن، لۈيجاڭ ()،
بوخەي ( )، ليۇجۇ ( )، شىڭشىڭشيا ( )،...
خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدا « » يۈنمۇلىرىدىكى « » تاۋۇشى ئۇيغۇرچىدىكى «ئە»
تاۋۇشىغا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنغىنى ئۈچۈن يېزىقىمىزدا «ئە» يېزىلىدۇ.
بۇلاردىكى ئاخىرقى تاۋۇش ياكى ئۆتكۈنچى تاۋۇش بولۇپ كېلىدىغان « » تاۋۇشى
ئۈزۈك تاۋۇش « ي» غا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇرچىدا « ي »
يېزىلىدۇ. مەسىلەن، تيەنجىن ( )، يەنئەن ( )...
خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىنىڭ « » قوشما يۈنمۇسىدىكى « » تاۋۇشى «ۋ» ھەرپى
بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن، شاۋشەن « »، لياۋنىڭ ( ) ، ماۋ زېدۇڭ ( )...
خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدىكى « » قوشما يۈنمۇلىرى ئۇيغۇرچىدا «ئۇ، ئو، ئۆ»
ھەرپلىرى بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن، يۆفېي ( )، فوۋۇيۈەن ( )، جۇئېنلەي (
)،...
خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇسىدىكى « » يۈنمۇلىرى ئۇيغۇرچىدا «يۇڭ، ئۇڭ» قىلىپ
يېزىلىدۇ. مەسىلەن، گۇڭشى ( )، زۇڭلى ( )...
خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدىكى « » تاۋۇشلىرى ئۇيغۇرچىدا «ج، چ، ش، س»
ھەرپلىرى بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن، جۇڭگو ( )، جېجياڭ ( )، چى خاۋتيەن (
)...
⑿
رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق ياۋرۇپادىكى بەزى تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان
سۆزلەرنىڭ ئىملاسى — جانلىق تىلىمىزغا بۇرۇن ئۆزلىشىپ كەتكەن سۆزلەرنى
ئۆزلەشكىنى بويىچە يېزىش، پەن – تېخنىكا ئاتالغۇلىرى، كىشى ئىسىملىرى ۋە
يەر – جاي ناملىرىنى يېزىقىمىزنىڭ ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئاساسەن
مۇمكىنقەدەر ئەينەن يېزىش لازىم. مەسىلەن، سىنگارمونىزم، پرولېتارىيات،
تۈرگېنېف، ھەيدەروف...
⒀
قىسقارتىلما سۆزلەرنىڭ ئىملاسى — ھەرپ بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەر
ھەرپلەرنىڭ يەككە شەكلى بىلەن يېزىلىدۇ. ئارىسىغا چېكىت قويۇلمايدۇ.
مەسىلەن، ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى)، ئا ق ش (ئامېرىكا قوشما
شتاتلىرى)...
بوغۇم بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەر قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن، پارتكوم
(پارتىيە كومىتېتى)...
كىشى ئىسىم – فامىلىلىرىنىڭ قىسقارتىلغان ھەرپىدىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ.
مەسىلەن، ك. ماركس (كارل ماركس)...
⒁
قوشۇمچىلارنىڭ ئىملاسى — ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە ياكى سۆز
تۈرلىگۈچى قوشۇمچە بولسۇن، سۆز ئالدىغا ئۇلىنىدىغان قوشۇمچە ياكى سۆز
ئاخىرىغا ئۇلىنىدىغان قوشۇمچىلار بولسۇن، سۆز يىلتىزىغا ياكى ئۆزەككە قوشۇپ
يېزىلىدۇ. مەسىلەن، بىتەلەي، كىتابخانا، بالىلار، ئۆيگە...
⒂
بوغۇم كۆچۈرۈش قائىدىسى — قۇر ئاخىرىغا كېلىپ قالغان كۆپ بوغۇملۇق سۆزنىڭ
شۇ قۇرغا سىغماي قالغان قىسىمىنى كېيىنكى قۇرغا بوغۇم بويىچە كۆچۈرۈش.
ئادەتتە بۆلۈنگەن بوغۇمنىڭ ئاخىرىغا سىزىقچە (-) قويۇلىدۇ. مەسىلەن : تىرىش
– چانلىق، ئوقۇغ – چىلار
رەقەم بىلەن يېزىلغان ساناق سانلار قۇرنىڭ ئاخىرىغا كېلىپ قالسا، ئۇلارنى
پارچىلاپ ئىككىنچى قۇرغا بۆلۈپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. مەسىلەن، 1984 – يىلى
... 19 - 84 – يىلى ئەمەس.
520 , 336 جىڭ...، 336 –
ھەربىر سۆزنىڭ بىرىنچى تاۋۇشى ئېلىنىپ قىسقارتىلغان سۆزلەرنى ئىككىنچى
قۇرغا بۆلۈپ يېزىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن، ش ئۇ ئا ر ... ش ئۇ
ئا ر ئەمەس.
كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەردە بىر سوزۇق تاۋۇش بىر بوغۇم بولۇپ كەلسە، بۇ سوزۇق
تاۋۇشنى ئالدىنقى قۇردا يالغۇز قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. مەسىلەن، ئاساسلىق...
ئا –
ساسلىق ئەمەس.
بىر قانچە تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنى پارچىلاپ كېيىنكى قۇرغا
كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. مەسىلەن، دوست... دو –
ست ئەمەس.
خەنزۇ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان قوشما سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق
سۆزلەرنى پارچىلاپ كېيىنكى قۇرغا كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. مەسىلەن :
يۈەن... يۈ
ەن ئەمەس.
⒃
تىنىش بەلگىلىرى – جۈملىدە ئوي – پىكىرنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەش ۋە ئۇنىڭ
قىسىم ، بۆلەكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىش
ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان شەرتلىك بەلگىلەردۇر.
تىنىش بەلگىلىرى يازما نۇتۇقنى توغرا، ئېنىق، راۋان ئىپادىلەشكە ياردەم
بېرىدۇ.
يازما نۇتۇقتىكى سۆز – جۈملىلەرنى قانداق ئاھاڭدا ۋە قانداق سۈرەتتە ئوقۇش،
توختاش، تىنىش رىتىملىرى قاتارلىقلارنى ئىپادىلەيدۇ.
جۈملە ۋە جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى، باغلىنىشى ھەم
ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
مۇرەككەپ جۈملىلەرنى ئوقۇپ چۈشىنىشنى ئوڭايلاشتۇرىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىشى
چېكىت (. ) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى△
چېكىت – جۈملىنىڭ مەنە ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە ئاخىرى تىنىش
بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئوي – پىكىرنىڭ بايان تەرزدە تولۇق
ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە :
بايان جۈملىلىرىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
بۇ كىتابنى كۇتۇپخانىدىن ئارىيەت ئالدىم.
بۇيرۇق ۋە ئۈندەش ئاھاڭىدا ئېيتىلماي، بايان ئاھاڭىدا ئېيتىلغان بۇيرۇق،
ئۈندەش جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما.
خوش، ئامان بولۇڭلار.
رەقەم بىلەن يېزىلغان، رەت – تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان سانلار ياكى باش ماۋزۇ
بىلەن تارماق ماۋزۇنىڭ رېتىنى بىلدۈرىدىغان سانلاردىن كېيىن قويۇلىدۇ
(ئەسكەرتىش : رىم رەقەملىرى مۇستەسنا). مەسىلەن :
1. قانلىق دەريا
2. ئېلشاتنىڭ راۋابى
3. قۇتلۇق خەۋەر
قىسقارتىپ يېزىلغان ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
ل. مۇتەللىپ، ك. ماركس
يىل، ئاي، كۈنلەر رەقەم بىلەن ئىپادىلەنسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قويۇلىدۇ.
مەسىلەن، 1. 10. 1949
ئونلۇق كەسىردىكى پۈتۈن سان بىلەن كەسىر سان ئارىسىغا، جۈملىدىن سائەت
بىلەن مىنۇت تەڭ كۆرسىتىلگەندە، سائەت بىلەن مىنۇت ئارىسىغا قويۇلىدۇ.
مەسىلەن، 5. 1 (بىر پۈتۈن ئوندىن بەش)، سائەت 20. 3 (سائەت ئۈچتىن يىگىرمە
مىنۇت ئۆتكەندە )
سوئال بەلگىسى (؟) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى△
سوئال بەلگىسى جۈملىنىڭ مەنە ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە ئاخىرى
تىنىش بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئوي – پىكىرنىڭ سوراق تەرزدە
ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە :
ھەرخىل سوئال جۈملىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن، قانچە ياشقا كىردىڭىز ؟
كەينى – كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن سوئاللارنىڭ پەقەت كەينىدىكىسىگىلا
قويۇلىدۇ، ئالدىنقىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن، بۇ ئىشنى ئۇ ئۇقامدۇ،
ئۇقمامدۇ ؟
جۈملىدە ئاپتورغا نامەلۇم بولغان ياكى ئاپتور گۇمان بىلەن قارىغان
تەركىبلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
سەلەي چاققان (؟ - 1905) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق لەتىپىچىلىرىدىن بىرى.
ئەسكەرتىش : ئەگەر جۈملە ھەم سوئال، ھەم ئۈندەش تەرزدە ئېيتىلسا، ئاۋۋال
سوئال بەلگىسى، ئاندىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
شەرۋان : ھوي، سېسىق گەپنى نەدىن ئۆگەندىڭ ؟ !
ئۈندەش بەلگىسى ( ! ) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى△
ئۈندەش بەلگىسى جۈملىنىڭ مەنە ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە ئاخىرى
تىنىش بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئوي – پىكىرنىڭ ئۈندەش ۋە بۇيرۇق تەرزدە
ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە :
ئۈندەش جۈملىلەر ۋە بۇيرۇق ئاڭاڭىدا ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىدىن كېيىن
قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
ياشىسۇن تىنچلىق !
ۋەزىپىڭىزنى ۋاقتىدا ئورۇنداڭ !
ئۈندەش ئاھاڭىدا ئېيتىلغان ئۈندەش سۆزلەر ۋە قاراتما سۆزلەردىن كېيىن
قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
توۋا ! بۇلارنىڭ سېتىۋالغان قۇلىمىدىڭ ؟
يولداشلار، غەيرەت قىلىڭلار !
چېكىتلىك پەش ( ؛ ) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى △
بۇ بەلگە تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان، تەڭداش
تەركىبلەرنى ئايرىشتىكى رولى پەش (، ) كە نىسبەتەن ئۈستۈن تۇرىدىغان تىنىش
بەلگىسى.
تەڭداش تەركىبلەرنىڭ ھەرقايسىسى ياكى ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرقانچە تەڭداش
تەركىبلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇلارنىڭ قاتلاملىق مۇناسىۋىتىنى ئېنىق
ئايرىش ئۈچۈن ئۈستۈنكى قاتلامدىكى تەڭداش تەركىبلەر ئارىسىغا قويۇلىدۇ.
مەسىلەن :
كىمكى مېنى چېلىشىپ يېڭەلىسە، شۇ كىشىگە قىزىمنى بېرىمەن ؛ ئەگەر
يېڭەلمىسە، جېنىنى تېنىدىن جۇدا قىلىمەن.
پەش (، ) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى△
بۇ بەلگە ئاساسەن تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان، تەڭداش
تەركىبلەرنى ئايرىشتىكى رولى چېكىتلىك پەشكە نىسبەتەن تۆۋەن بولغان تىنىش
بەلگىسى. ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە :
ئاددىي جۈملىلەردە
ئاددىي جۈملىنىڭ تەڭداش بۆلەكلىرى (بۇ بۆلەكلەر مەيلى سۆز ياكى سۆز
بىرىكمىسى بولسۇن) ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭ سېكىلەكلىرى، تال –
تال ئۆرۈلگەن چاچلىرى، چېچىغا ئېسىۋالغان چاچ چاتقۇچ، چاچ تومارلىرى بەكمۇ
ياراشقانىدى.
ئۇ ھەم شائىر، ھەم ئۇستا رەسسام.
قوشما جۈملىلەردە
تەڭداش تارماق جۈملىلەردىن قۇرۇلغان قوشما جۈملىلەرنىڭ ھەربىر تارماق
جۈملىلىرى ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
شەرق ئاسمىنى ئاستا – ئاستا سۈزۈلمەكتە، يۇلتۇزلار يېنىپ ئۆچمەكتە،
جىلۋىلىك سەھەر قۇچاق ئېچىپ كېلىۋاتىدۇ.
بېقىنىش – بېقىندۇرۇش مۇناسىۋىتىدىكى قوشما جۈملىلەردە باش جۈملە بىلەن
بېقىندى جۈملە ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
شۇنى بىلىپ قويغىنكى، مەن سېنىڭ دېگىنىڭدەك قىلمايمەن.
قولدىن چىقىرىپ قويسىڭىز، ئارىلىشالمايمەن.
ئەگەر « - سا، - سە» قوشۇمچىسى ئارقىلىق ھاسىل بولغان مۇنداق بېقىندى جۈملە
باش جۈملىنىڭ ئىگىسى بىلەن خەۋىرى ئارىسىغا ئورۇنلاشقان بولسا، ئىككى
چېتىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
ساڭا ئوخشاش ئىرادىسىز ئادەملەر، قىزلار مىيىقىدا كۈلۈپ قويسىلا، شامدەك
ئېرىپ كېتىدۇ.
مۇستەقىل تەركىبلەردە
مۇستەقىل تەركىبلەر جۈملىنىڭ بېشىدا بولسا، ئاخىرىدىن، ئوتتۇرىسىدا بولسا،
ئىككى چېتىدىن، ئاخىرىدا بولسا، ئالدىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
قەدىرلىك ئانا، ئۇرۇشتا يارىلىنىپ قايتىۋاتقان جەڭچىلىرىمىز كېچە دۈشمەننىڭ
تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. (قاراتما تەركىب)
نەچچە زامانلار بولدى، بىرەر قېتىم كۆرۈپ كېتەيمۇ دېمىدىڭ، قىزىم. (قاراتما
تەركىب)
بەختكە يارىشا، شۇ كۈنى كەچقۇرۇن تۆمۈر خەلىپىمۇ بارىكۆلدىن قايتىپ كەلدى.
(قىستۇرما تەركىب)
سەپەر قۇلنىڭ ساناق نۆۋىتى، نېمىشقىدۇر، ھەممىدىن كېيىنكى قاتارغا
قويۇلغانىدى. (قىستۇرما تەركىب)
بەللى، يارايسىز، ئوغلۇم ! (ئىملىق تەركىب)
باغلىغۇچىلاردا
«بىراق، ئەمما، لېكىن، ئەكسىچە، ۋەھالەنكى، شۇنداقتىمۇ» قاتارلىق
قارىمۇقارشى باغلىغۇچىلار چېكىت قويۇپ ئاياغلاشتۇرۇلغان ئىككى جۈملىنى ياكى
ئۆزئارا ئالاقىدار ئىككى ئابزاسنى باغلاپ كەلسە، كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ.
مەسىلەن :
ئىستېمال قىممىتى ھامان ئىجتىمائىي بايلىقنىڭ ماددىي مەزمۇنىنى ھاسىل
قىلىدۇ. بىراق، ئىستېمال قىممىتىنىڭ ئۆزى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش
مۇناسىۋەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.
ئۇلارنىڭ ئۈستۋېشى لايغا مىلەنگەن، لېكىن نېمىگىدۇر خۇشال ئىدى.
«شۇڭا، شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇڭلاشقا، چۈنكى، شۇ سەۋەبتىن» قاتارلىق سەۋەب
باغلىغۇچىلىرى ئەگەر چېكىت بىلەن ئاياغلاشقان جۈملىدىن كېيىن كەلسە، ياكى
ئابزاسنىڭ بېشىدا كەلسە، كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، تاۋار باشقا ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن پەرقلىنىدۇ. شۇڭا،
قىممەت تاۋارنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىنسانىيەت ئەنە شۇنداق ياشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتنىڭ قىزىقى بار.
باشقىلاردا
بىر تۇتاش ئېلىنماي، بۆلۈپ ئېلىنغان دىئالوگلاردا بۆلۈنگەن قىسىم بىلەن
ئاپتور سۆزىنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
تازا چاتاق بولدى، دەپ گېپىنى باشلىدى دادام، يەنى چاتاق شۇ دەرىجىگە
يەتكەنكى، نېمە دېيىشىمنىمۇ بىلمەيمەن.
كۆپ خانىلىق سانلار تۈركۈمگە ئايرىلغاندا، ھەرقايسى تۈركۈملەر ئارىسىغا
ساننىڭ يېزىلىش يۆنىلىشى بويىچە پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن، 500 , 13 000 ,
000 , 1
تەكرار كەلگەن سوئال خەۋەرلەرنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
ئۇ كەلدىمۇ، كەلمىدىمۇ ؟
جۈملىدىكى بۆلەكنىڭ ئۆزىنىڭ كەينىدىن كەلگەن تۆۋەن قاتلامدىكى
بۆلەككە باغلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش زۆرۈر بولغاندا، بۆلەك پەش بىلەن
ئايرىلىدۇ. مەسىلەن :
ئۇزاق ئۆتمەيلا، يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقان تۈتۈننى كۆرۈپ قالدىم.
يالاڭ تىرناق (‹ ›) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى△
يالاڭ تىرناق قوش تىرناققا نىسبەتەن رولى كىچىك بولغان تىنىش بەلگىسى
بولۇپ، جۈملىدە قوش تىرناق ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە تەركىبلەر يالاڭ تىرناق
ئىچىگە ئېلىنىدۇ. بۇ خۇددى پەش بىلەن چېكىتلىك پەشنىڭ قاتلام مۇناسىۋىتىنى
ئىپادىلىگىنىگە ئوخشاش، كۆچۈرمە تەركىبلەرنىڭ قاتلام مۇناسىۋىتىنى
ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن :
مەن « ‹ پولات قانداق تاۋلاندى ›، رومانى ھەققىدە قىسقىچە تەسىرات» دېگەن
ئوبزورنى ئوقۇدۇم.
قوش تىرناق (« » ) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى △
قوش تىرناق كۆچۈرمە تەركىبلەرنى ئاپتور سۆزىدىن ئايرىپ كۆرسىتىدىغان بەلگە
بولۇپ، ئۇنىڭ رولى يالاڭ تىرناققا نىسبەتەن چوڭ. ئۇ تۆۋەندىكىدەك جايلاردا
ئىشلىتىلىدۇ.
جۈملىدە ئاتاپ كۆرسىتىلگەن ۋە ئەسلىي مەنىسىدە ئىشلىتىلمىگەن تەركىبلەر قوش
تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن :
قادىر بەزىدە ئوغرىلىق قىلىپ قوياتتى، شۇڭلاشقا كىشىلەر ئۇنىڭغا «ئوۋچى»
دەپ لەقەم قويۇپ قويغانىدى.
جۈملىدىكى ھۆججەت، ئەسەرلەر، ماقالە، گېزىت – ژۇرنال ناملىرى قوش تىرناق
ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن :
ئۇ «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەيدۇ.
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»
ماقۇللاندى.
ئىدارە، جەمئىيەت، زاۋۇت، كان، كارخانا، سودا دۇكانلىرى، يول، تاۋار
ماركىلىرى قاتارلىقلاردا ئاتاپ قويۇلغان ناملار كۆچۈرمە تەركىب ھېسابلىنىپ،
قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن :
«بۇغدا كۆلى» ئاق ھارىقى
«كوئېنلۇن» مېھمانخانىسى
تارىخىي ۋەقە، بايرام، مۇھىم مەجلىس ياكى يىغىلىشلارغا قويۇلغان ناملار قوش
تىرناققا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن :
«1 – ماي » ئەمگەكچىلەر بايرىمى
«خەلقئارا بالىلار رەسىم كۆرگەزمىسى»
«1 – ئۆكتەبىر» دۆلەت بايرىمى
جۈملىدىكى كۆچۈرمە تەركىبلەر كۆپىنچە «دېمەك» پېئىلى ئارقىلىق ھاسىل
قىلىنغان بىرىكمىلەردىن ئىبارەت بولىدۇ. تۆۋەندە «دېمەك» پېئىلى ئارقىلىق
ھاسىل قىلىنغان بىرىكمىلەرنى مەركەز قىلغان ھالدا قوش تىرناقنىڭ
ئىشلىتىلىشى بايان قىلىنىدۇ.
راي فورمىسىدا كەلگەن «دېمەك» پېئىلىنىڭ ئالدىدىكى تەركىب دائىم قوش
تىرناققا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن :
«خوپ !» دەپتۇ ۋەزىر دەندان.
... چۈشەندۈرۈپ، «قانۇنغا خىلاپ كېلىدىغان ھەرقانداق تەدبىرنى
قوللانمىسىڭىز !» دېدىم.
ئەگەر «دېمەك» پېئىلى «- پ» قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ، رەۋىشداش
بىرىكمىسىنى ھاسىل قىلسا، مەيلى كۆچۈرمە تەركىب ئېنىق نەقىل بولسۇن، مەيلى
تەخمىنىي كۆچۈرمە بولسۇن، ئوخشاشلا قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن :
«ھوقۇق قولىمىزدا» دەپ شاپائەت بىلەن ئاداۋەتنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەيلى.
« دېگەن» سۈپەتدىشى جۈملىدە تەكىتلەش مەنىسىدە كەلمىسە، ئۇنىڭ ئالدىدىكى
كۆچۈرمە تەركىب قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن :
«باشقا يەرگە ئاتىمەن» دېگەن ئوق ئۇنىڭغا تېگىپ كېتىپ قاپتۇ.
«دەپ ، دېگەن» سۆزلىرىنىڭ ئالدىدا كەلگەن خاس ئىسىم، ئۈندەش سۆز، قاراتما
سۆز قاتارلىق ئاتاش كۆچۈرمىلەر قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن :
ئۇنى «ئەيسانىڭ قىلىچى» دەپ ماختىشىدىكەن.
قاتلاملىق كۆچۈرمىلەردە «دېمەك» پېئىلى ئارقىلىق ھاسىل بولغان بىرىكمىنىڭ
تۆۋەن قاتلامدىكىسى يالاڭ تىرناققا، يۇقىرىقى قاتلامدىكىسى قوش تىرناققا
ئېلىنىدۇ. مەسىلەن :
لېكىن، قوغدىنىش تۇيغۇسى مېنىڭدە يەنە رول ئوينىدى، مۇبادا ئۇ بىردىنلا
مېنى «سەن ‹تولۇق ئالىي مەلۇماتلىق ئەمەس› دېمەكچى بولىسەن» دەپ تۇرۇۋالسا،
ئۇ ھالدا قانداق قىلىمەن.
ئۇ «بىلىمگە بېرىلىڭ، لېكىن ئۆزىڭىزنى چەبدەس تۇتۇڭ، ناپولېئوننىڭ ‹پاسكىنا
كىيىمىڭنى ئۆيگە مۆكۈنىۋېلىپ يۇغىن› دېگەن سۆزى ‹ئۆز ئەيىبىڭنى سازايە
قىلما› دېگەن مەنىدە ئېيتىلغان» دېگەنىدى.
تىرناق ( ( ) ) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى△
تىرناق ئىزاھ بەلگىسى بولۇپ، ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا ئىشلىتىدۇ :
جۈملىدە مەلۇم جۈملە بۆلىكىنى تولۇقلاش، ئىزاھلاش ياكى شەرھلەش مەنىسىدە
كەلگەن تەركىبلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن :
ئۇ يەتتە گەز (بەش مېتىرغا يېقىن) رەخت سېتىۋالدى.
سەھنە ئەسەرلىرىدە ئاپتورنىڭ پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكىتى، كەيپىياتى توغرىسىدا
بەرگەن ئىلاۋىلىرى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن :
زورىخان : (ئاڭلىماسقا سېلىپ) نۇرۇم، چاي قاينىدىمىكىن، چىقىپ باققىنا
(نۇرۇم باغقا چىقىدۇ).
نەقىل كەلتۈرۈلگەن مىسالغا ئۇلاپلا ئۇنىڭ ئېلىنغان جايىنى كۆرسەتكەندە،
ئاپتور ۋە كىتاب نامى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن :
يىللار، مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە.
(ل. مۇتەللىپ : «يىللارغا جاۋاب»)
سىزىقچە ( - ) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى△
سىزىقچە ئاساسەن يېرىم قوشۇپ يېزىش بەلگىسىدۇر. ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا
ئىشلىتىلىدۇ :
جۈپ سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا ۋە سۆزلەرگە قوشۇلۇپ يېزىلمايدىغان ئۇلانمىلارنىڭ
ئالدىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
بالا – قازا، پۇت – قول، ئېگىز – پەس، بەش – ئالتە،...
بۇ نېمىدېگەن مەنزىرىلىك چاي – ھە !
تازا ۋاقتىدا كەلدىڭ – دە.
سۆزلەر قۇردىن قۇرغا بوغۇم بويىچە ئايرىپ كۆچۈرۈلگەندە، ئايرىلغان بوغۇمدىن
كېيىن قويۇلىدۇ، ئادەتتە بۇ نورمال سىزىقچىدىن سەل قىسقا بولىدۇ. مەسىلەن :
تىرىش – تەرەققى –
چانلىق يات
رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەن دەرىجە سانلاردىن كېيىن قويۇلىدۇ. بۇ سىزىقچە
دەرىجە سان قوشۇمچىسى « - نچى / ىنچى» ئورنىدا كەلگەن سىزىقچىدۇر. مەسىلەن
:
ئۇ 2 – سىنىپتا ئوقۇۋاتىدۇ.
تىلشۇناسلىققا دائىر تېكىستلاردا پېئىلنىڭ بۇيرۇق شەكلى، قوشۇمچىلار
كۆرسىتىلگەندە، پېئىلنىڭ بۇيرۇق شەكىل (يىلتىز ياكى تومۇر)دىن كېيىن، سۆز
ئارقا قوشۇمچىلارنىڭ ئالدىدىن، سۆز ئالدى قوشۇمچىلارنىڭ كەينىدىن قويۇلىدۇ.
مەسىلەن :
كەل -، بار - ، تۇر -، كەلتۈرۈش –
- چان، - سىز، - لىق
بى -، بەت - ، نا –
سىزىق ( — ) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى△
سىزىق رولى ئاساسەن تىرناققا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل ئىزاھ بەلگىسى
بولۇپ، كۆپىنچە ئىزاھ، بايان، چەك مەنىلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
ئۇنىڭ قويۇلىدىغان ئورۇنلىرى ئاساسەن تۆۋەندىكىچە :
جۈملىدە بىر خىل گرامماتىكىلىق شەكىلدە كەلگەن ئىزاھلىغۇچى بىلەن
ئىزاھلانغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
بىزنىڭ مەكتەپتە — شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 30 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ.
ئومۇملاشتۇرغۇچى سۆز بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلغان تەڭداش تەركىبلەر ئارىسىغا
قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ھەرخىل پائالىيەتلەر — يۈگۈرۈش،سەكرەش، پۇتبول،
ۋاسكىتبول، ۋالىبول قاتارلىقلار بار.
زامان ۋە ماكان مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئىككى سۆز (ياكى سان) نىڭ
ئارىسىغا قويۇلىدۇ. بۇنداق سىزىق «ۋە، ھەم» مەنىلىرىنى، شۇنىڭدەك، «...
دىن... غىچە» مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن :
لەنجۇ — شىنجاڭ تاشيولىنىڭ تۇرپان تەۋەسىدىكى بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ ياساش
قۇرۇلۇشىدا رەسمىي ئىش باشلاندى.
ئۇ 1959 — 1960 – يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمىدا سىنىپ بويىچە ئەلاچى بولدى.
ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى دىئالوگلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ. ئاپتور سۆزى بىلەن
دىئالوگ ئارىسىغا پەش قويۇلۇپ، ئاندىن يەنە سىزىق بىلەن ئايرىلىدۇ. مەسىلەن
:
— بۈگۈنكى ئىسسىقتا ئۆرۈك تازا پىشىدۇ، — دېدىم.
— بىراق، كۈننىڭ شۇنچە تەپتىدە سىز تېخىلا غورا ئىكەنسىز، — دېدى باھار
كۈلۈپ.
قوش چېكىت ( : ) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى△
قوش چېكىت ئاساسەن بايان بەلگىسىدۇر. ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا قوللىنىلىدۇ
:
مۇستەقىل سىنتاكىسىسلىق قۇرۇلمىلارنىڭ كېيىنكى قىسمى ئالدىنقى قىسمىنىڭ
پۈتۈن مەزمۇنىنى ياكى بىرەر تەركىبىنى تولۇقلاپ، شەرھلەپ كەلسە، ئالدىنقى
قىسمىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
خۇشتارخان يەنە ئېتىز سەھنىسىدىن كېلىدىغان مۇزىكا ئاۋازىنى بېرىلىپ
تىڭشىدى : نەدىندۇر ناخشا كېلەتتى، ئاللىقەيەرلەردىن قىيقاس – چۇقان،
ئۆستەڭ بويلىرىدىن قۇشلارنىڭ ئاۋازلىرى، خامان تەرەپتىن ئاياللارنىڭ
كۈلكىلىرى كېلەتتى.
ھۆرمەت تەرىقىسىدە ئېيتىلغان قاراتما سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ، بۇنداق
قاراتما سۆز كۆپىنچە خەت – ئالاقىلەردە، تەكلىپ قەغەزلىرىدە ئۇچرايدۇ.
مەسىلەن :
... ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە :
سەھنە ئەسەرلىرىدە دىئالوگلارنىڭ ئالدىدا كەلگەن پېرسوناژلارنىڭ ئىسمى ياكى
ئىسمى ئورنىدا كەلگەن سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. بۇنداق قوش چېكىت يەنىلا
بايان مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن :
ئىدارە باشلىقى : ھەممە تەييارلىق پۈتتىمۇ ؟
بىرەر مەسىلىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇر بېشىدىن ئېلىنغان جۈملىلەرنىڭ ئالدىدا
كەلگەن «مەسىلەن» سۆزدىن كېيىن قويۇلىدۇ.
ئاپتورنىڭ ئىسىم – فامىلىسى بىلەن ئەسىرى بىللە كۆرسىتىلگەندە، ئاپتورنىڭ
ئىسىم – فامىلىسىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
زوردۇن سابىر: «ئانا يۇرت»
تۈرلۈك ھالەتلەردىن كېيىنكى جۈملە دىئالوگ سۈپىتىدە قۇر بېشىدىن باشلانسا
ياكى قۇر بېشىدىن باشلانمىغاندىمۇ، قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنسا، مەزكۇر
ھالەتلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
قوللىرىنى بىر – بىرىگە ئۇرۇپ :
— يالغان دەپتىمەنمۇ، تېخى بالا ئىكەنسەن ! – دەپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
كۆپ چېكىت (... ) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى△
كۆپ چېكىت قىسقارتىش بەلگىسى بولۇپ، تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا قوللىنىلىدۇ :
جۈملىدە قىسقارتىلغان تەركىبلەر ئورنىغا، نوتۇققا سۈكۈت ئىپادىلەنگەن
ئورۇنغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
ئىككىسى چاي ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ، موللانىياز ھەققىدە ئۇزۇن پاراڭغا چۈشۈپ
كەتتى... (قىسقارتىلغان تەركىب ئورنىدا)
پاتەمخان :... (سۈكۈت ئورنىدا)
نۇتۇقتا سۆزنىڭ ئۈزۈلۈپ – ئۈزۈلۈپ تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ياكى مەلۇم
سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئادەتتىكىدىن سوزۇلۇپراق تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەش
ئۈچۈن قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
ئامانقۇل تۆمۈر خەلىپىگە قاراپ : «را... زى... بول... ئاكا !» دېدى – دە،
كۆزىنى يۇمدى.
2 ) تەلەپپۇز قائىدىسى
(1) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي قىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى ۋە ئۇنىڭ
ئەھمىيىتى
تەلەپپۇز قائىدىسى — توغرا سۆزلەش قائىدىسى دېگەنلىكتۇر. ئېنىقراق قىلىپ
ئېيتقاندا، تەلەپپۇز قائىدىسى — مەلۇم بىر ئەدەبىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ۋە
شۇ تىل ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ توغرا تەلەپپۇز قىلىشىنى
تەمىن ئېتىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ نۇتۇقتا ئورتاق ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان
قائىدىلەر سىستېمىسىدۇر.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى — ئۇيغۇر تىلىنى
توغرا سۆزلەش، توغرا تەلەپپۇز قىلىش قائىدىسى دېگەنلىكتۇر. يەنى ئۇيغۇر
تىلىدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ توغرا تەلەپپۇز قىلىشىنى تەمىن ئېتىدىغان
ۋە ئۇلارنىڭ نۇتۇقتا ئورتاق ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدىلەر
سىستېمىسىدۇر.
ئەدەبىي تىلنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئەدەبىي تىلىمىزنى
قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملىك تەلەپپۇزنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە مىللىتىمىزنىڭ تىل
مەدەنىيىتى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
(2) ئۆلچەملىك تەلەپپۇز ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى
مەلۇم بىر تىلدا سۆزلىشىدىغان ۋە شۇ تىل ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغان
كىشىلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان ھەمدە شۇ
مىللەتنىڭ تىل تەلەپپۇزىدا ئۈلگىلىك رول ئوينىيالايدىغان رايوننىڭ
تەلەپپۇزى ئۆلچەملىك تەلەپپۇز دېيىلىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى — ئۈرۈمچى تەلەپپۇزى
بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىنى ئۈرۈمچى شېۋىسىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر
ئەدەبىي جانلىق تىلىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، بۇ رايوننىڭ زامانىمىزدا
ئالدى بىلەن سىياسىي مەركەز، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت
جەھەتتىكى مەركەزگە ئايلانغانلىقى، ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن
ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ رايونغا توپلىشىشى ئارقىلىق، ھەرقايسى يەرلىك
دىئالېكتلار ۋە شېۋىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى يىغىنچاقلىغان ھالدا ھازىرقى
زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي جانلىق تىلىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر جانلىق تىل
ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى، بۇنىڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن
ئېتىراپ قىلىنغانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
بولۇپمۇ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ئېتىبارەن، بۇ رايوندا مەدەنىيەت –
مائارىپ ئىشلىرىنىڭ كۈنسايىن گۈللىنىشى، يەنى كىنو – تىياتىر، رادىئو –
تېلېۋىزىيە، مەتبۇئات ۋە نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن
دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك مەكتەپ، ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىنىڭ
كۆپىيىشى ئۈرۈمچى شېۋىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى
بولۇشى لازىملىقىنى تېخىمۇ مۇئەييەنلەشتۈردى.
(3) تەلەپپۇز قائىدىسىنىڭ مەزمۇنلىرى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسىنىڭ مەزمۇنلىرى :
① سوزۇق تاۋۇش فونېمىلىرىنىڭ تەلەپپۇزى ؛ ② ئۈزۈك تاۋۇش فونېمىلىرىنىڭ
تەلەپپۇزى ؛ ③ بوغۇملارنىڭ تەلەپپۇزى ؛ ④ كىشى ئىسىملىرىنىڭ تەلەپپۇزى ؛
⑤ باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ؛ ⑥ قىسقارتىلغان
سۆزلەرنىڭ
تەلەپپۇزى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
4 . ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسى
1. فونېتىكا ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى
تىل تاۋۇشلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن فونېتىكا دەپ ئاتىلىدۇ.
فونېتىكىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، تىل
تاۋۇشىدۇر. يەنى فونېتىكا تىل تاۋۇشلىرى ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، تىل
تاۋۇشلىرىنىڭ قانداق ئاساسلارغا ئاساسەن تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى، تىل
تاۋۇشلىرىنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيەتلىرى ھەم بۇ خىل قانۇنىيەتلەر تۈپەيلىدىن
كېلىپ چىقىدىغان ھەرخىل تاۋۇش ئۆزگىرىش ھادىسىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆزىنىڭ
تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىي
تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە بولغان (فونېما بولۇپ خىزمەت
قىلىۋاتقان) تىل تاۋۇشلىرىنى يۇقىرىقى تەرەپلەردىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ.
2. ئۇيغۇر تىلىدىكى فونېتىكىلىق بىرلىكلەر
1) فونېما — سۆزنىڭ فونېتىكىلىق شەكلىنى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق سۆزلەرنىڭ
مەنىسىنى پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە بولغان ئەڭ كىچىك فونېتىكىلىق بىرلىك.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا فونېمىلىق رولغا ئىگە بولغان تىل تاۋۇشى
جەمئىي 32 بولۇپ، بۇ 32 تاۋۇش ئەڭ ئالدى بىلەن سوزۇق تاۋۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇش
دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
سوزۇق تاۋۇش — ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ياكى بوغۇزدا
ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىماي ئەركىن ھالدا چىقىشىدىن ھاسىل بولغان
تاۋۇشلاردۇر. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا فونېما ھېسابلانغان سوزۇق تاۋۇش
جەمئىي سەككىز (ئا، ئە، ئې، ئى، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ ) بولۇپ، ئۇلار ئۆز
خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئۈزۈك تاۋۇشلاردىنلا پەرقلىنىپ قالماستىن، يەنە
ئۆزئارامۇ پەرقلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئېغىزنىڭ ئېچىلىش دەرىجىسىگە قاراپ، كەڭ
سوزۇق تاۋۇش (ئا )، كەڭرەك سوزۇق تاۋۇش (ئە، ئې، ئو، ئۆ) ۋە تار سوزۇق
تاۋۇش (ئۇ، ئۈ، ئى) دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنسە ؛ تىلنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى
ئورنىغا قاراپ، تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش (ئا، ئو، ئۇ)، تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش
(ئە، ئۆ، ئۈ) ۋە تىل ئارا سوزۇق تاۋۇش (ئې، ئى) دېگەن ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ
؛ لەۋ ھالىتىگە قاراپ، لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش (ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ) ۋە
لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش (ئا، ئە، ئې، ئى) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
ئۈزۈك تاۋۇش — ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ياكى بوغۇزدا
مەلۇم توسالغۇغا ئۇچراپ، ئۇنى يېڭىپ چىقىشتىن ھاسىل بولغان تاۋۇشلاردۇر.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا فونېما ھېسابلانغان ئۈزۈك تاۋۇش جەمئىي 24 (ب،
د، ف، گ ، خ، ج ، ك، ل ، م، ن، پ ، چ، ر ، س ، ت، ۋ، ش، ي، ز، ژ، غ، ھ، ق ،
ڭ) بولۇپ، ئۇلار تاۋۇش چىقىرىش ئورنى (ئۈزۈك تاۋۇشنى تەلەپپۇز قىلغاندا،
ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمى توسالغۇغا ئۇچرىغان جاي) ۋە تاۋۇش چىقىرىش
ئۇسۇلى (ئۆپكىدىن چىقىرىلغان ھاۋا ئېقىمى ئۇچرىغان توسالغۇنىڭ قانداق
يېڭىلگەنلىكى ھەم تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىترەش – تىترىمەسلىكى) جەھەتتىن بىر –
بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنى تاۋۇش چىقىرىش ئورنىغا قاراپ، قوش لەۋ
تاۋۇشى (پ، ب، م )، چىش – لەۋ تاۋۇشى (ف، ۋ )، تىل ئۇچى – چىش تاۋۇشى (س،
ز)، تىل ئۇچى – چىش تۈۋى تاۋۇشى (ت، د، ن، ر، ل)، تىل ئۈستى ئالدى – قاتتىق
تاڭلاي تاۋۇشى (چ، ج، ش، ژ)، تىل ئۈستى ئارقا – قاتتىق تاڭلاي تاۋۇشى (ك،
گ، ي )، تىل تۈۋى – يۇمشاق تاڭلاي تاۋۇشى (ق، ڭ، خ، غ) ۋە بوغۇز تاۋۇشى (ھ)
دەپ سەككىز تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلىغا قاراپ،
پارتلىغۇچى تاۋۇشلار (پ، ب، ت، د، ك، گ ، ق)، پارتلىغۇچى – سىيرىلاڭغۇ
تاۋۇشلار (چ، ج)، سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلار (ف، ۋ، س، ز، ش، ژ، ي، خ، غ، ھ)،
دىماغ تاۋۇشلىرى (م، ن، ڭ)، تىترەڭگۈ تاۋۇش (ر) ۋە يان تاۋۇش (ل) دەپ ئالتە
تۈرگە ؛ تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىترەش – تىترىمەسلىكىگە ئاساسەن، جاراڭلىق ئۈزۈك
تاۋۇش (ب، د، گ، ج، ل، م، ن، ڭ، ر، ۋ، ز، ژ، ي، غ، ھ) ۋە جاراڭسىز ئۈزۈك
تاۋۇش (پ، ت، ك، ق، چ، س، ش ، خ، ف) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنى يۇقىرىقىدەك تۈرلەرگە بۆلۈش ھەربىر تاۋۇشنىڭ
تېمبىر جەھەتتىكى خۇسۇسىيىتىنى توغرا ئىگىلەش، ئۇلارنى توغرا تەلەپپۇز
قىلىش، تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلەش ۋە ئۇنى توغرا
قوللىنىش، تاۋۇشلاردىكى ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش قاتارلىق
جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
2 ) تاۋۇش ئېلېمېنتى — ئىنسان تاۋۇشىنى تاۋۇش تېمبىرى نۇقتىسىدىن تەھلىل
قىلىش نەتىجىسىدە ئېنىقلانغان ئەڭ كىچىك فونېتىكىلىق بىرلىك. مەسىلەن :
«ئەتە» دېگەن سۆز ئۈچ تاۋۇش ئېلېمېنتىدىن تەركىب تاپقان.
3) بوغۇم – فونېتىكىلىق قۇرۇلمىدىكى ئەڭ كىچىك بىرلىك بولۇپ، ئاڭلاش
سېزىمىدا تەبىئىي ھېس قىلىشقا بولىدىغان تاۋۇش ئۈزۈندىسىدۇر.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇملارنىڭ تۈزۈلۈش شەكلى تۆۋەندىكىدەك 11
خىل (ئەسكەرتىش : سوزۇق تاۋۇشلارغا « »نى، ئۈزۈك تاۋۇشلارغا « » نى
ۋەكىل قىلىپ ئېلىپ، بوغۇملارنىڭ شەكلىنى تۆۋەندىكىدەك كۆرسىتىمىز. بۇ
بەلگىلەر ئوڭدىن سولغا قارىتىپ بېرىلگەن) :
① — ئە – تە، ئو – رۇن...
② — با – لا، قۇ – تا...
③ — ئال، ئەت...
④ — يول، ماڭ...
⑤ — ئارت، ئىشت...
⑥ — خەلق، دوست...
⑦ — گرا – دۇس، ستا – نوك...
⑧ — گرام، پرىن – سىپ...
⑨ — فرانك، فرونت...
⑩ — جۇڭ – خۇا...
⑾
— يۈەن، گۇاڭ – جۇ...
3. فونېمىلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى
ئۇيغۇر تىلىدا سۆزدە ياكى سۆزگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، سوزۇق تاۋۇشنىڭ تىل
ئورنى (تاڭلاي ئاھاڭداشلىقى) ۋە لەۋ ھالىتى (لەۋ ئاھاڭداشلىقى) جەھەتتىن،
ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ جاراڭلىق – جاراڭسىزلىق جەھەتتىن ئۆز ئارا ماسلىشىپ
كېلىشى تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى ياكى تاۋۇشلارنىڭ ئاڭاھداشلىقى دەپ
ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، «ئورغاق» دېگەن سۆزنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل
ئارقا بولۇش جەھەتتىن ماسلاشقان بولسا ؛ «ئۆكۈنۈش» دېگەن سۆزنىڭ
تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار لەۋلىشىش ھەم تىل ئالدى بولۇش جەھەتتىن
ماسلاشقان. «تىلدىن» دېگەن سۆزدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار («ل» بىلەن «د»)
جاراڭلىق بولۇش جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن.
4. ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇتۇق ئېقىمىدا يۈز بېرىدىغان تاۋۇش ئۆزگىرىشلىرى
نۇتۇق ئېقىمىدىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشى (فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش) تىل تاۋۇشلىرىنىڭ
مەلۇم بىر دەۋردىكى ئۆزگىرىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، تىل تاۋۇشلىرىنى
بىر – بىرىگە ئۇلاپ تەلەپپۇز قىلغاندا، ئۆزئارا تەسىر قىلىش نەتىجىسىدە
ھاسىل بولغان فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش نۇتۇق ئېقىمىدىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشلىرى
دەپ ئاتىلىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نۇتۇق ئېقىمىدا يۈز بېرىۋاتقان مۇھىم
فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر تۆۋەندىكىچە :
1) ئاسسىمىلياتسىيە — قوشنا كەلگەن ئوخشىمايدىغان ئىككى تاۋۇشنىڭ بىرىنىڭ
يەنە بىرىنى تولۇق ياكى قىسمەن ھالدا ئۆزىگە ئوخشىتىۋېلىشى.
ئاسسىمىلياتسىيە ھادىسىسى ئاسسىمىلياتسىيىلەش ۋە ئاسسىمىلياتسىيىلىنىش
دەرىجىسىگە قاراپ، تولۇق ئاسسىمىلياتسىيە (قوشنا كەلگەن ئوخشىمايدىغان
ئىككى تاۋۇشتىن بىرىنىڭ يەنە بىرىنى ھەم تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ھەم تاۋۇش
چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئۆزىگە ئوخشىتىۋېلىشى. مەسىلەن، «ئون يەتتە» دېگەن
سۆز جانلىق تىلدا «ئوييەتتە» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) ۋە قىسمەن
ئاسسىمىلياتسىيە (قوشنا كەلگەن ئوخشىمايدىغان ئىككى تاۋۇشتىن بىرىنىڭ يەنە
بىرىنى ياكى تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ياكى تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن
ئۆزىگە ئوخشىتىۋېلىشى. مەسىلەن، «مەنمۇ» دېگەن سۆز جانلىق تىلدا «مەممۇ»
دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنسە ؛ ئاسسىمىلياتسىيىلەش ۋە
ئاسسىمىلياتسىيىلىنىش يۆنىلىشىگە ئاساسەن، ئوڭ ئاسسىمىلياتسىيە (قوشنا
كەلگەن ئىككى تاۋۇشتىن ئالدىنقىسىنىڭ كېيىنكىسىنى تولۇق ياكى قىسمەن ھالدا
ئۆزىگە ئوخشىتىۋېلىشى. مەسىلەن، «شەنبە» دېگەن سۆز جانلىق تىلدا «شەمبە»
دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) ۋە تەتۈر ئاسسىمىلياتسىيە (قوشنا كەلگەن ئىككى
تاۋۇشتىن كېيىنكىسىنىڭ ئالدىنقىسىنى تولۇق ياكى قىسمەن ھالدا ئۆزىگە
ئوخشىتىۋېلىشى. مەسىلەن، «تۇزسىز» دېگەن سۆز جانلىق تىلدا «تۇسسىز» دەپ
تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
2) دىسسىمىلياتسىيە — بىر – بىرىگە ئوخشاش ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان ئىككى
تاۋۇش ئۆزئارا ئۇلىنىپ كەلگەندە، ئىككىسى چىقىشالماي، بىرىنىڭ باشقا
تاۋۇشقا ئۆزگىرىپ كېتىش ھادىسىسى. مەسىلەن، «ياغاچچى» دېگەن سۆز جانلىق
تىلدا «ياغاشچى» دەپ تەلەپپۇز قىلىنسا، «باقتىڭ» دېگەن سۆز «باختىڭ» دەپ
تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.
3 ) تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى — نۇتۇق جەريانىدا، بەزى سۆزلەرگە ئايرىم
تەلەپپۇز قىلغاندا كۆرۈلمەيدىغان تاۋۇشلار قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى.
مەسىلەن، دە + ىش = دېيىش، يە + ىش = يېيىش...
4) تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى — نۇتۇق جەريانىدا، بەزى سۆزلەردىكى ئەسلىدە
بار تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى. مەسىلەن، ئوغۇل + ۇم = ئوغلۇم،
ئۆمۈر + ۈم = ئۆمرۈم...
5) تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى — نۇتۇق جەريانىدا، ئاۋاز كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى
تۈپەيلىدىن تاۋۇش تېمبىرىنىڭ ئۆزگىرىش ھادىسىسى. مەسىلەن، باش + ى = بېشى،
ئالما + لار = ئالمىلار...
6) تاۋۇشلارنىڭ ئورۇن ئالمىشىشى — نۇتۇق جەريانىدا، ئىككى تاۋۇشنىڭ ئۆزئارا
ئورۇن ئالماشتۇرۇش ھادىسىسى. مەسىلەن، «قاملاشمىغان»، دېگەن سۆز ئۇيغۇر
تىلىنىڭ بەزى شېۋىلىرىدە «قالماشمىغان» ؛ «تەكشۈرمەك» دېگەن سۆز
«تەشكۈرمەك» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىشى.
5 . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبى
1. لۇغەت تەركىبى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىي قىسىملىرى
ئۇيغۇر تىلىدىكى بارلىق سۆزلەر ۋە تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ يىغىندىسى ئۇيغۇر
تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز – ئىبارىلەر قوللىنىش دائىرىسى ۋە تىل ئىستېمالىدىكى
رولىغا قاراپ مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ : بىرى، ئاساسىي لۇغەت تەركىبى —
ئومۇمىي خەلققە چۈشىنىشلىك بولغان، كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم دېگۈدەك
قوللىنىلىدىغان سۆزلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر ؛ يەنە بىرى، ئادەتتىكى لۇغەت
تەركىبى — لۇغەت تەركىبىدىكى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرمەيدىغان
سۆزلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر.
2. لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر توپلىمى
ئۇيغۇر تىلىدا سۆز بىلەن سۆز ياكى مەنە جەھەتتىن، ياكى تاۋۇش جەھەتتىن
بەلگىلىك باغلىنىشتا بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ھەرخىل كىچىك توپلاملارنى
(گۇرۇپپىلارنى) شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنداق توپلام سۆزلەر توپلىمى دەپ
ئاتىلىدۇ.
ھەربىر سۆزلەر توپلىمىدا كەم دېگەندە ئىككى سۆز بولىدۇ. بىر مەنىلىك ۋە كۆپ
مەنىلىك سۆز دېگەنلەر بىر سۆزگە قارىتىلغان. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان سۆزلەر
توپلىمى بىر سۆزگە قارىتىلماستىن، بەلكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزنى
كۆرسىتىدۇ. تىلىمىزدا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك سۆزلەر توپلىمى بار :
1) مەنىداش سۆزلەر توپلىمى — تىلىمىزدىكى ئىدراكىي مەنىسى (ئۇقۇم بىلەن
باغلىق بولغان مەنە) ئوخشاش ياكى يېقىن كېلىدىغان ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن
ئارتۇق سۆزلەردىن شەكىللەنگەن توپلامدۇر. بۇنداق سۆزلەر ئىدراكىي مەنە
جەھەتتىن ئوخشاش بولسا، تۈس مەنىسىدە پەرق بولىدۇ. مەنىداش سۆزلەردىن توغرا
پايدىلىنىلسا، ئۇلار ئارىسىدىكى ئىنچىكە پەرقلەر توغرا ئىگىلەنسە، تىلنىڭ
ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئويۇم سەندە، پىكرىم
سەندە، خىيالىم سەندە، بۇ مىسالدا مەنىداش سۆزلەر قاتار ئىشلىتىلىپ، ئوي –
پىكىر تەسىرلىك ۋە ھېسسىياتلىق ئىپادىلەنگەن.
2) قارىمۇقارشى مەنىلىك سۆزلەر توپلىمى — تىلىمىزدىكى مەنە جەھەتتە تەڭداش
مۇناسىۋەتتە تۇرىدىغان ھەم بىر – بىرىگە قارشى ئىككى سۆزدىن شەكىللەنگەن
توپلامدۇر. ئۇ روشەن سېلىشتۇرما خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، پىكىرنىڭ
ئېنىقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن :
سەندە سەزدىم قىش بىلەن يازنى،
ئىسسىق – سوغۇق، ئاچچىق – چۈچۈكنى.
سەندە بايقىدىم راست – يالغاننى،
ياخشى – يامان، چوڭ ھەم كىچىكنى.
3) ئاھاڭداش ۋە شەكىلداش سۆزلەر توپلىمى
ئاھاڭداش سۆزلەر توپلىمى ئېيتىلىشى ۋە يېزىلىشى ئوخشاش، ئەمما ئىپادىلىگەن
مەنىلىرى ئوخشىمايدىغان سۆزلەردۇر. مەسىلەن :
بۇرادەر، ئۆمرۈڭگە بولۇپ قالدى چۈش،
سەن تېخى يۈرەمسەن كۆرۈپ شېرىن چۈش.
يەتمىسۇن ئۆمرۈمگە زاۋاللىق دېسەڭ،
بىدار يول، غەپلەتنىڭ بۆشۈكىدىن چۈش.
بۇ تۇيۇقتىكى «چۈش» دېگەن سۆزلەر ئاھاڭداش سۆزلەر توپلىمى ھاسىل قىلغان.
شەكىلداش سۆزلەر توپلىمى — يېزىلىشى ئوخشاش، ئېيتىلىشىدا پەرق بار،
مەنىلىرى ئوخشىمايدىغان سۆزلەردۇر. مەسىلەن، «جازالىماق» دېگەن مەنىدىكى
«جازا» دېگەن سۆز بىلەن «ئۆي جازىسى» دېگەن مەنىدىكى «جازا» سۆزى شەكىلداش
سۆز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەيلى ئاھاڭداش سۆزلەر بولسۇن ياكى شەكىلداش سۆزلەر بولسۇن، ئۇلار
ئۆزلىرىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇئەييەن ئاكتىپ
رول ئوينايدۇ. شائىرلىرىمىز قەدىمدىن ھازىرغىچە مۇشۇ توپلامدىكى سۆزلەردىن
پايدىلىنىپ، تۇيۇق شەكىلدىكى شېئىرلارنى كۆپلەپ يېزىپ، شېئىرىيەت
گۈلزارىمىزنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ كەلمەكتە.
3. ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىنى بېيىتىشنىڭ يولى ۋە پرىنسىپى
1 ) سۆز ياساش
ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىنى بېيىتىشتا ئالدى بىلەن تىلىمىزنىڭ سۆز ياساش
ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، ھەرخىل يوللار بىلەن يېڭى سۆزلەرنى ياساشنى ئاساس
قىلىش كېرەك. ئۇيغۇر تىلىدا سۆز ياساشنىڭ مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇلى بار :
بىرى، مورفولوگىيىلىك ئۇسۇل — سۆزلەرگە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى قوشۇش
ئارقىلىق يېڭى سۆزلەرنى ياساش. مەسىلەن، كىملىك، ئىشچى... بۇ ئۇسۇل ھازىرقى
زامان ئۇيغۇر تىلىدا ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى،
ئۇيغۇر تىلى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارغا ناھايىتى باي بىر تىل بولۇپ،
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا 80 نەچچە يۈرۈش سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە بار.
يەنە بىرى، سىنتاكسىسلىق ئۇسۇل — سۆزگە سۆز قوشۇش ئارقىلىق يېڭى سۆزلەرنى
ياساش. بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن سۆز ياساشمۇ خېلى ئۈنۈملۈك. تىلىمىزدىكى
بىرىككەن سۆزلەر، جۈپ سۆزلەر مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ياسالغاندۇر. مەسىلەن،
بەلۋاغ، كۆزەينەك، ئاتا – ئانا، قاتار – قاتار...
يېڭى سۆزلەرنى ياساش پرىنسىپى شۇكى، يېڭى ياسالغان سۆز – ئاتالغۇلار
ئوبيېكتىپ تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى، تىلىمىزنىڭ ئىچكى تەرەققىيات
قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى، مەنىسى دەل، توغرا، ئېنىق بولۇشى، قۇرۇلمىسى
ئىخچام بولۇشى كېرەك.
2) قېزىش
ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان قەدىمكى سۆزلەر ۋە دىئالېكت سۆزلىرىدىن مۇۋاپىق
پايدىلىنىپ، يېڭى شەيئى ۋە ئۇقۇملارنى ئىپادە قىلىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن،
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «يەزنە» دېگەن سۆز
«ئاچامنىڭ ئېرى» نىڭ ئورنىدا، يەكەن ۋە كۇچار شېۋىلىرىدىكى «ھاۋادان» دېگەن
سۆز رۇسچىدىن كىرگەن «پورتۇشكا»نىڭ ئورنىدا قوللىنىلىۋاتىدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ
بىرقەدەر تېز ئومۇملىشىشىدىكى سەۋەب شۇكى، «يەزنە» سۆزى ھېچبولمىغاندا،
ئۆزىنىڭ ئىخچاملىقى بىلەن «ئاچامنىڭ ئېرى» دېگەندىن ئەۋزەللىككە ئىگە بولسا
؛ «ھاۋادان» سۆزى مەنە جەھەتتىن ھەممە كىشىگە دېگۈدەك چۈشىنىشلىك
بولغانلىقىدا.
قەدىمكى سۆزلەر ۋە دىئالېكت سۆزلىرىنى قوللىنىشنىڭ پرىنسىپى شۇكى، بۇنداق
سۆزلەر ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولغان سۆزلەرگە قارىغاندا، مەنە جەھەتتىن
چۈشىنىشلىك بولۇشى، قۇرۇلما جەھەتتىن ئىخچام بولۇشى، شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ
ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى دەل، توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان
بولۇشى كېرەك.
3) قوبۇل قىلىش
يۇقىرىقى ئىككى خىل ئۇسۇل ئۆز تىل ماتېرىياللىرىمىزنى ئاساس قىلىش بولۇپ،
يېڭى شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى ئىپادىلەشتە يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەش
مۇمكىنچىلىكى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئاندىن باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل
قىلىشقا ئۆتۈش كېرەك. باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىش ئۇ تىلنىڭ
گادايلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى، دۇنيادا باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل
قىلمىغان بىرمۇ ساپ تىل يوق. دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەت تىلىنىڭ
تارىخىي تەرەققىياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇ تىللار ئۆز تارىخىدا
باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىشنى ئۆز لۇغەت تەركىبىنى بېيىتىشنىڭ
ۋاسىتىلىرىدىن بىرى قىلغانلىقىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.
باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىشنىڭ پرىنسىپى شۇكى، ئۆز تىل ماتېرىياللىرى
بىلەن يېڭى شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى بولمىغاندا قوبۇل
قىلىش. قوبۇل قىلىشقا ئۆتكەندە خالىغانچە قوبۇل قىلىۋەرمەستىن، ئالدى بىلەن
قېرىنداش تىل (بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئورتاق بىر مەنبەدىن بۆلۈنۈپ
چىققان تىللار) لاردىن قوبۇل قىلىش كېرەك. چۈنكى قېرىنداش تىللار كۆپ
جەھەتتىن، يەنى سۆزلەرنىڭ فونېتىكىلىق شەكىللىرى، سېمانتىكىلىق بەلگىلىرى،
سۆزلەرنى تۈركۈملەرگە بۆلۈش ئۇسۇلى، سۆزلەرنىڭ گرامماتىكىلىق
كاتېگورىيىلىرى، سۆز بىرىكمىلىرى، جۈملە تۈزۈلۈشى، سۆز ياسىغۇچى ۋە سۆز
تۈرلىگۈچى مورفېمىلارنىڭ تۈپ سۆزلەرگە ئۇلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردىن
ئورتاقلىققا ئىگە. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، قېرىنداش تىللاردىن قوبۇل
قىلىنغان سۆزلەر ئاسان ئۆزلىشىدۇ ھەم چۈشىنىشلىك بولىدۇ. مەسىلەن، خەنزۇ
تىلىدىن كىرگەن «زۇڭتۇڭ» سۆزىنىڭ ئورنىغا سۆز ياساشنى ئويلاشمىغان
ئەھۋالدىمۇ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن قېرىنداش تىل ھېسابلانغان قازاق تىلىدىكى
«ئەلباشى» دېگەن سۆزنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. چۈنكى بۇ سۆزنىڭ مەنىسى
ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن چۈشىنىشلىكتۇر. قېرىنداش تىللاردىن يېڭى شەيئى
ۋە ھادىسىلەرنى ئىپادىلەيدىغان سۆز – ئاتالغۇلار تېپىلمىغاندا، ئاندىن
قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىش كېرەك.
بۇنداق تىللاردىن، سۆز قوبۇل قىلىشتىمۇ خالىغانچە قوبۇل قىلماستىن،
خەلقئارا تىللاردىن، يەنى پەن – تېخنىكا، ئىقتىساد، مائارىپ، مەدەنىيەت
قاتارلىق جەھەتلەردە تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن سۆز –
ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىش لازىم. چۈنكى، بۇنداق تىللاردىكى سۆز –
ئاتالغۇلار دۇنيا مىللەتلىرى بىردەك ئېتىراپ قىلغان ۋە بىردەك
قوللىنىلىۋاتقان سۆز – ئاتالغۇلار بولغاچقا، دۇنياۋى خاراكتېرگە ئىگە.
مەسىلەن،ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايروپىلان، دوكتور، رېنتىگېن، تېلېگراف،
گرامماتىكا، تېلېفون، تانكا دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر دەل مۇشۇ خىل ئۇسۇل
بىلەن ئۆزلەشكەن.
6 . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى
1. گرامماتىكا ۋە ئۇنىڭ تەركىبىي قىسىملىرى
گرامماتىكا تىلنىڭ قۇرۇلما قانۇنى بولۇپ، سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىش، ياسىلىش
قائىدىلىرى بىلەن سۆز – جۈملىلەرنىڭ بىرىكىش قائىدىلىرىدىن ئىبارەت ئىككى
يۈرۈش قائىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «گرامماتىكا» دېگەن ئاتالغۇ يەنە
سۆزلەرنىڭ ياسىلىش، تۈرلىنىش قائىدىلىرى ۋە سۆز – جۈملىلەرنىڭ بىرىكىش
قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم دېگەن مەنىدىمۇ قوللىنىلىدۇ.
گرامماتىكا ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ دائىرىسىگە قاراپ مورفولوگىيە
(سۆزلەرنىڭ ياسىلىش ۋە تۈرلىنىش قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن) ۋە
سىنتاكسىس (سۆز – جۈملىلەرنىڭ بىرىكىش قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن)
دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىنىڭ
خۇسۇسىيىتىنى مۇشۇ ئىككى جەھەتتىن بايان قىلىشقا بولىدۇ.
2. ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيىلىك خۇسۇسىيىتى
1) سۆزنىڭ تۈزۈلۈشى
ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر تۈزۈلۈش (قۇرۇلما) ئالاھىدىلىكىگە
ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ :
(1) تۈپ سۆز — بىرلا باش مورفېمىدىن تۈزۈلگەن سۆزلەردۇر. مەسىلەن، ئىش،
ئۈن، خىزمەت، ساندۇق، ئەمگەك...
(2) سۆز تۈركۈملىرى
سۆزلەرنىڭ مەنىسى ۋە گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ئايرىلغان تۈرى
سۆز تۈركۈمى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەر مەنىسى ۋە گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن،
ئىسىم (مەسىلەن، تاغ، سۇ، كۈلكە)، سۈپەت (مەسىلەن، قىزىل، ئېگىز، يۇمىلاق)،
سان (مەسىلەن، بەش، ئىككىنچى، ئونچە)، رەۋىش (مەسىلەن، بۈگۈن، دەرھال،
ناھايىتى)، ئالماش (مەسىلەن، مەن، قانداق، ئۆزۈم، ئاللىكىم)، پېئىل
(مەسىلەن، ياز -، ماڭ، ئىشلە -...)، تەقلىد (مەسىلەن، ۋاراڭ – چۇرۇڭ، پال –
پۇل، شىر – شىر)، تىركەلمە (مەسىلەن، ئۈچۈن، توغرۇلۇق، ئارقىلىق)،
باغلىغۇچى (مەسىلەن، ۋە، ھەم ، لېكىن، بىراق، چۈنكى)، يۈكلىمە (مەسىلەن،
مۇ، چۇ، زە، قۇ، دە، ھە)، ئىملىق (مەسىلەن، پاھ، ۋايجان، ئاپلا) تىن
ئىبارەت 11 تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ. بۇلاردىن ئالدىنقى يەتتىسى ئۆز ئالدىغا
جۈملە بۆلىكى بولۇپ كېلەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن «مۇستەقىل سۆزلەر» دەپ
ئاتىلىدۇ. تىركەلمە، باغلىغۇچى، يۈكلىمىلەر مۇستەقىل سۆزلەرگە ياكى
جۈملىلەرگە قوشۇلۇپ گرامماتىكىلىق مەنە ياكى قوشۇمچە مەنە
ئىپادىلەيدىغانلىقى ئۈچۈن ياردەمچى سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ. ئىملىق (ئۈندەش)
سۆزلەر مۇستەقىل سۆزلەر بىلەن ياردەمچى سۆزلەر ئارىلىقىدا تۇرىدىغان
ئالاھىدە سۆز تۈركۈمى ھېسابلىنىدۇ. پېئىلدىن باشقا مۇستەقىل سۆزلەر يەنە
ئورتاق بىر مۇنچە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن «تۇرغۇن سۆزلەر» دەپ
ئاتىلىدۇ.
3) سۆزنىڭ مورفولوگىيىلىك شەكىللىرى
ئۇيغۇر تىلى مورفولوگىيىلىك شەكىللەرگە ئىنتايىن باي تىل. سۆزنىڭ
مورفولوگىيىلىك شەكىللىرى سۆزگە سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى ياكى
مەخسۇس ياردەمچى سۆزلەرنىڭ بىرىكىپ كېلىشى ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. بىر
سۆزنىڭ تۈرلۈك مورفولوگىيىلىك شەكىللىرى ئۇ سۆزنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى
ئۆزگەرتمەستىن، ئۇنىڭغا تۈرلۈك گرامماتىكىلىق مەنىلەرنى قوشىدۇ ياكى ئۇنىڭ
گرامماتىكىلىق ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىدۇ.
(1) ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز تۈركۈملىرى ئىچىدە پېئىل تۈركۈمى مورفولوگىيىلىك
شەكىلگە ئەڭ باي سۆز تۈركۈمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللار
تۈرلىنىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى مورفولوگىيىلىك شەكىللەرنى ھاسىل قىلىدۇ :
پېئىلنىڭ ئۆزەك قىسمىدا كۆرۈلىدىغان دەرىجە شەكىللىرى (مەسىلەن، ياز –
يازدۇر، يېزىل، يېزىش)، بولۇشلۇق – بولۇشسىز شەكلى (مەسىلەن، ياز – يازما)
؛ پېئىلنىڭ خەۋەر شەكلىدە كۆرۈلىدىغان تۈرلۈك مەيل شەكىللىرى (مەسىلەن،
يازدىم، يېزىپتىمەن، يازغۇدەكمەن، يازسام، يازاي، يازغىيدىم...) ؛ ھال –
زامان شەكىللىرى (مەسىلەن، يازىمەن، يېزىۋاتىمەن، يازماقچىمەن، يازدىم،
يازغانمەن، يازغانىدىم، يازاتتىم، يېزىۋاتاتتىم، يازماقچىدىم) ؛ شەخس
شەكىللىرى (مەسىلەن، يازىمەن، يازىمىز، يازىسەن، يازىسىلەر، يازىدۇ) ؛
پېئىلنىڭ سۈپەت، ئىسىم ۋە رەۋىش رولىدا كېلىدىغان تۈرلۈك نۇرغۇن سۆز
شەكىللىرى، يەنى سۈپەتداشلار (مەسىلەن، يازغان، يازىدىغان، يېزىۋاتقان،
يازار) ؛ ئىسىمداشلار (مەسىلەن، يازماق، يېزىش، يازغانلىق) ۋە رەۋىشداشلار
(مەسىلەن، يېزىپ، يازغاچ، يازغىلى، يازغۇچە).
ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللار يەنە تۇرغۇن سۆز شەكلىدە بىر قىسىم ياردەمچى
پېئىللار بىلەن بىرىكىپ، پېئىلنىڭ مۇرەككەپ ئۆزەك شەكىللىرىنى ھاسىل
قىلىدۇ. پېئىلنىڭ بۇ خىل مۇرەككەپ ئۆزەك شەكىللىرى خىلمۇخىل تۈس، ھال
مەنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مول گرامماتىكىلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
(مەسىلەن، يېزىپ بول – يېزىپ قوي – يېزىۋەت – يېزىۋال).
پېئىللار جۈملىگە كىرگەندە، بىر ۋاقىتتا بىرقانچە خىل مورفولوگىيىلىك
شەكىلنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، بىرقانچە خىل گرامماتىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەپ
كېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، «كۆرۈشەلمىدىم» دېگەن پېئىل شەكلىنى ئالساق،
ئۆملۈك دەرىجە، ئىمكان تۈس، بولۇشسىزلىق، ۋاسىتىسىز بايان مەيلى، ئاددىي
ئۆتكەن زامان، 1 شەخس، بىرلىكتىن ئىبارەت سەككىز خىل گرامماتىكىلىق مەنىنى
ئىپادىلەپ كەلگەن.
(2) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملارمۇ ئۆزگىرىشچان سۆز تۈركۈمى. ئىسىملار
تۈرلىنىش ئارقىلىق، تۆۋەندىكىدەك مورفولوگىيىلىك شەكىللەرنى ھاسىل قىلىدۇ :
بىرلىك ۋە كۆپلۈك شەكلى (مەسىلەن، ئۆي – ئۆيلەر) ؛ تەۋەلىك شەكىللىرى (
مەسىلەن، ئۆيۈم، ئۆيىمىز، ئۆيۈڭ، ئۆيۈڭلار، ئۆيى) ؛ ھەرخىل كېلىش شەكىللىرى
(مەسىلەن، ئۆي، ئۆينىڭ، ئۆيگە، ئۆيىنى، ئۆيدە، ئۆيدىن، ئۆيدەك، ئۆيدىكى،
ئۆيگىچە، ئۆيچىلىك).
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملار يەنە «تىركەلمە» دەپ ئاتىلىدىغان ياردەمچى
سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ، ئىسىم – تىركەلمە قۇرۇلمىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ
خىل قۇرۇلمىلار ئەمەلىيەتتە ئىسىمنىڭ ئانالىتىك كېلىش شەكىللىرى بولۇپ
ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، ئۆي توغرۇلۇق، ئۆي ئارقىلىق، ئۆي ئۈچۈن.
ئىسىملار جۈملىگە كىرگەندە، بىر ۋاقىتتا بىرقانچە خىل مورفولوگىيىلىك
شەكىلنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، بىرقانچە خىل گرامماتىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەپ
كېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، «بالىلىرىمنىڭ» دېگەن ئىسىم شەكلىنى ئالساق،
كۆپلۈك، 1 شەخس، بىرلىك ئىگىلىك كېلىشتىن ئىبارەت تۆت خىل گرامماتىكىلىق
مەنىنى ئىپادىلەپ كەلگەن.
(3) ئۇيغۇر تىلىدا بىردىن ئونغىچە بولغان پۈتۈن سانلار، ئونلار خانىنىڭ
ھەربىر ئونلۇق پەللىسىدىكى پۈتۈن سانلار ۋە «يۈز، مىڭ، مىليون، مىليارد»
قاتارلىق چوڭ سانلار ئاددىي سان ھېسابلىنىپ ئايرىم يەككە سۆز بىلەن
ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن سانلار مۇرەككەپ سان ھېسابلىنىپ چوڭ
خانىلىق سانلارغا كىچىك خانىلىق سانلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن (مەسىلەن، ئون بىر،
يەتمىش بەش، يۈز بەش) ياكى كىچىك خانىلىق سانلارنىڭ چوڭ خانىلىق سانلارنى
ھەسسىلەپ كېلىشىدىن (مەسىلەن، ئىككى يۈز بەش مىڭ، ئون ئۈچ مىڭ) ھاسىل
بولىدۇ. يۈزلەر خانىسى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى خانىدىكى ئاددىي سانلارلا
ھەسسىلىنىدۇ (مەسىلەن، ئىككى يۈز، بەش مىڭ، تۆت يۈز مىڭ).
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاددىي ۋە مۇرەككەپ سانلارنىڭ ئەسلىي شەكلى مەنە ۋە
مورفولوگىيىلىك شەكىل جەھەتتىن «ساناق سان» ھېسابلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ
تۈرلىنىشى ئارقىلىق مۆلچەر سان (مەسىلەن، ئونچە، يۈزدەك، يەتتە – سەككىز)،
تەرتىپ سان (مەسىلەن، ئىككىنچى، بەشىنچى)، كەسىر سان (مەسىلەن، تۆتتىن بىر،
ئالتىدىن ئۈچ)، ئۆملۈك سان (مەسىلەن، بەشەيلەن، ئىككىيلەن) قاتارلىق سان
تۈرلىرى ھاسىل بولىدۇ.
(4) ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى كۈچەيتىشكە ياكى ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولىدىغان
سۈپەتلەر (دەرىجىلىك سۈپەتلەر) تۈرلىنىش ئارقىلىق، ئەسلىي دەرىجە (مەسىلەن،
ئاددىي، ئېگىز)، كېمەيتمە دەرىجە (مەسىلەن، ئۇزۇنراق، ئېگىزرەك)، ئاشۇرما
دەرىجە (مەسىلەن، ئاپئاق، قىپقىزىل)، ئەركىلەتمە دەرىجە (مەسىلەن،
چىرايلىققىنا، ئېگىزگىنە) شەكىللىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.
(5) ئالماش — ئىسىم، سۈپەت، سان قاتارلىق سۆزلەر بىلەن ئالمىشىپ، ئۇلارنىڭ
ئورنىدا كېلىدىغان سۆز تۈركۈمى. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئالماشلار قايسى سۆز
تۈركۈمدىكى سۆزنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ كەلگەن بولسا، ئاساسىي جەھەتتىن شۇ سۆز
تۈركۈمى بىلەن ئوخشاش تۈرلىنىپ، شۇ سۆز تۈركۈمىنىڭ مورفولوگىيىلىك
شەكىللىرىگە ئوخشاش مورفولوگىيىلىك شەكىللەرنى ھاسىل قىلىدۇ.
(6) ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ تولۇق باغلامچى رولىدىكى «بول -، قىل
-» قاتارلىق ياردەمچى پېئىللار بىلەن بىرىكىشىدىن شۇ سۆزلەرنىڭ پېئىل شەكلى
ھاسىل بولۇپ، خۇددى ئادەتتىكى پېئىللارغا ئوخشاش قوللىنىلىدۇ (مەسىلەن، باغ
قىل -، ئادەم بول -...).
4 ) كۆپ ۋارىيانتلىق قوشۇمچىلارنىڭ قوللىنىلىشى
ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى ۋە سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارنىڭ مۇتلەق
كۆپچىلىكى ئىككىدىن ئارتۇق شەكىلگە ئىگە. بىر قوشۇمچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان
شەكىللىرى «ۋارىيانت» دەپ ئاتىلىدۇ.
قوشۇمچىلارنىڭ كۆپ ۋارىيانتلىق بولۇشىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ
ماسلىشىش قانۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بىر قوشۇمچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان
ۋارىيانتلىرى شۇ قوشۇمچە قوشۇلىدىغان ئۆزەكنىڭ تاۋۇش ئالاھىدىلىكىگە
ماسلاشقان ھالدا قوشۇلىدۇ. ۋارىيانتلارنىڭ ئۆزەككە ماسلىشىش ئەھۋالى
تۆۋەندىكىچە :
(1) « - دىن // - تىن» غا ئوخشاش بېشىدىكى تاۋۇش جاراڭلىق – جاراڭسىز
جەھەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلار، جاراڭلىقلىرى جاراڭلىق تاۋۇش بىلەن
ئاخىرلاشقان ئۆزەككە ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن، قەغەز + دىن، قولىمىز + دىن ؛
جاراڭسىزلىرى جاراڭسىز تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرگە ئۇلىنىدۇ.
مەسىلەن، ئۆگىنىش +تىن، ئاش + تىن.
(2)«- سا // - سە» گە ئوخشاش تەركىبىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش تىل ئورنى جەھەتتىن
پەرقلەنگەن ۋارىيانتلار ئۆزەكنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشقا تىل
ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن، ياز +سا، كەل +سە...
(3«- ى // - سى» غا ئوخشاش بېشىدا سوزۇق تاۋۇش بار – يوقلۇقى جەھەتتىنلا
پەرقلىنىدىغان ۋارىيانتلارنىڭ سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغىنى ئۈزۈك تاۋۇش
بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرگە قوشۇلىدۇ. مەسىلەن، قەلەم + ى، كۆز + ى... ؛
ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغىنى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرگە
ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن، ياخشى – سى، بالا + سى...
(4 « - ي // - اي // - ەي» گە ئوخشاش بېشىدا سوزۇق تاۋۇش بار – يوقلۇقى
جەھەتتىن ھەم سوزۇق تاۋۇش تىل ئورنى جەھەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلارنىڭ
سوزۇق تاۋۇشسىز كەلگىنى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرگە
ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن، سۆزلە + ي، قارا + ي ؛ سوزۇق تاۋۇش بىلەن كەلگەنلىرى
ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمدىكى سوزۇق
تاۋۇشقا تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن، قايت + اي، كۆندۈر
+ مەي...
(5) «- غان // - قان / / - گەن / / - كەن» گە ئوخشاش بېشىدىكى ئۈزۈك
تاۋۇشلار جاراڭلىق – جاراڭسىزلىق جەھەتتىن، تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل
ئورنى جەھەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلار بىر تەرەپتىن ئۆزەكنىڭ ئاخىرىدىكى
تاۋۇشقا جاراڭلىق – جاراڭسىزلىق جەھەتتىن ماسلاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن،
ئۆزەكنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشقا تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ
ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن، ياز + غان، ئوقۇت + قان، كەل + گەن، ئەت + كەن...
(6) «- لىق / / - لىك / / - لۇق / / - لۈك» ئوخشاش تەركىبىدىكى سوزۇق
تاۋۇش ھەم تىل ئورنى، ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلار
ئۆزەكنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشقا ھەم تىل ئورنى، ھەم لەۋ ھالىتى
جەھەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن، كۇچار + لىق، خوتەن + لىك، قۇمۇل +
لۇق، بۈگۈر + لۈك...
(7) «- ڭلار / / - ىڭلار / / - ۇڭلار / / - ۈڭلار» گە ئوخشاش بېشىدا
سوزۇق تاۋۇش بار – يوقلۇقى جەھەتتىن ھەم بېشىدىكى سوزۇق تاۋۇش تىل ئورنى ۋە
لەۋ ھالىتى جەھەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلارنىڭ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن
باشلانغىنى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرگە ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن،
بالا + ڭلار، يىڭنە + ڭلار ؛ لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغىنى
ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ۋە ئاخىرقى بوغۇمىدا لەۋلەشمىگەن سوزۇق
تاۋۇش كەلگەن ئۆزەكلەرگە ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن، دەپتەر + ىڭلار، كىتاب + ىڭلار
؛ لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغىنى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان
ۋە ئاخىرقى بوغۇمىدا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش كەلگەن ئۆزەكلەرگە تىل ئورنى
جەھەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن، كۈن + ۈڭلار، ئوقۇش + ۇڭلار.
(8) «- دىڭ / / - تىڭ / / - دۇڭ / / - تۇڭ / / - دۈڭ / / - تۈڭ » ئوخشاش
بېشىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار جاراڭلىق – جاراڭسىزلىق جەھەتتىن، تەركىبىدىكى
سوزۇق تاۋۇشلار ھەم تىل ئورنى، ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن پەرقلەنگەن
ۋارىيانتلار ئۆزەكنىڭ ئاخىرىدىكى تاۋۇشقا جاراڭلىق – جاراڭسىزلىق جەھەتتىن
ھەم ئۆزەكنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشقا تىل ئورنى ۋە لەۋ ھالىتى
جەھەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن، ئوينا + دىڭ، سۆزلەش + تىڭ، ئوقۇ +
دۇڭ، ئوقۇت + تۇڭ، يەتكۈز + دۈڭ، پۈتۈش + تۈڭ...
3. ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىنتاكسىسلىق خۇسۇسىيىتى
1) سىنتاكسىسلىق قۇرۇلما، سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەت ۋە سىنتاكسىسلىق ۋاسىتە
سۆز بىرىكمىسى ۋە جۈملىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى سىنتاكسىسلىق قۇرۇلما دەپ
ئاتىلىدۇ.
سۆزلەرنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بىرىكمىنىڭ تەركىبلىرى (ئاساسەن
بىۋاسىتە تەركىبلىرى) ئوتتۇرىسىدىكى گرامماتىكا جەھەتتىكى مۇناسىۋەت
سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەت دېيىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا جۈملە ۋە سۆز
بىرىكمىلىرىنىڭ تەركىبىدىكى سۆزلەر بىر – بىرى بىلەن تۆۋەندىكىدەك نۇسخىدا
مۇناسىۋەتلىشىدۇ :
(1) تەڭداش مۇناسىۋەت — بۇ خىل مۇناسىۋەتتىكى قۇرۇلما باراۋەر ئورۇندا
تۇرىدىغان، رولى ئوخشاش بولغان ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تەركىبتىن
تۈزۈلگەن سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدۇر. ئۇيغۇر تىلىدىكى تەڭداش مۇناسىۋەتتىكى
سۆز بىرىكمىلىرى، تەڭداش مۇناسىۋەتتىكى قوشما جۈملىلەر مۇشۇ خىل
مۇناسىۋەتتىكى قۇرۇلمىلاردۇر. مەسىلەن :
سۇ تەمسىز، پۇراقسىز، رەڭسىز سۇيۇق جىسىم.
(2) ئىگە – خەۋەرلىك مۇناسىۋەت — ئىگە ۋە خەۋەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان
سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدۇر. مەسىلەن : ئۇلار كەلدى. ئۆيۈڭلار قايسى ؟
(3) باشقۇرۇش — باشقۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى — باشقۇرغۇچى تەركىب بىلەن
باشقۇرۇلغۇچى تەركىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدۇر. بۇنىڭدا
باشقۇرغۇچى تەركىب ھەرىكەتنى، باشقۇرۇلغۇچى تەركىب ھەرىكەتنىڭ ئوبيېكتىنى
بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن :
ناخشا / ئېيتىش، ۋەتەننى / سۆيمەك
(يانتۇ سىزىقنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى باشقۇرۇلغۇچى، سول تەرىپىدىكى باشقۇرغۇچى
تەركىب)
(4) ئېنىقلاش – ئېنىقلىنىش مۇناسىۋىتى — ئېنىقلىغۇچى تەركىب بىلەن
ئېنىقلانغۇچى تەركىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدۇر. مەسىلەن
:
ئوقۇغان / بالا، مىللەتنىڭ / ئۈمىدى، بەش / ئادەم
(يانتۇ سىزىقنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكىلىرى ئېنىقلىغۇچى، سول تەرىپىدىكىلىرى
ئېنىقلانغۇچى تەركىب )
سىنتاكسىسلىق ۋاسىتە — گرامماتىكىلىق شەكىللەرنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيىتىگە
قاراپ ئايرىلغان تىپ بىرلىكلىرى. ئۇيغۇر تىلىدىكى سىنتاكسىسلىق
(گرامماتىكىلىق) ۋاسىتىلەر تۆۋەندىكىچە :
(1) سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچە — سۆز ياكى سۆز يىلتىزىغا ئۇلىنىپ، ھەرخىل
گرامماتىكىلىق مەنە ئىپادىلەيدىغان مورفېمىلاردۇر. تىلىمىزدىكى ئىسىمنىڭ
تەۋەلىك (شەخس) ۋە كېلىش كاتېگورىيىلىرىنىڭ قوشۇمچىلىرى، پېئىلنىڭ شەخس –
سان كاتېگورىيىلىرىنىڭ قوشۇمچىلىرى سۆز بىلەن سۆزنى مۇناسىۋەتلەشتۈرىدىغان
ئەڭ ئۈنۈملۈك سىنتاكسىسلىق ۋاسىتىدۇر. مەسىلەن، خەلقنىڭ ئۈمىدى،
بالىلىرىمىز كەلدى...
(2) ياردەمچى سۆز (تىركەلمە ۋە باغلىغۇچى) — مەخسۇس تۈردە گرامماتىكىلىق
مەنە بىلدۈرىدىغان سۆزلەردۇر. تىركەلمە ئىسىمنىڭ باشقا سۆزلەر بىلەن
بولغان، بولۇپمۇ پېئىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىشتە ۋاسىتىلىك رول
ئوينايدۇ. (مەسىلەن، ئوقۇش ئۈچۈن كەتتى. پەلەمپەي ئارقىلىق چىقتى.) ؛
باغلىغۇچىلار بولسا سۆز ۋە جۈملىلەر ئارىسىدىكى تەڭداش مۇناسىۋەتنى
كۆرسىتىشتە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ (مەسىلەن، شەھەر ۋە يېزىلار گۈللەپ
ياشنىدى. ئۇ دەرسنى ئوبدان ئاڭلىدى ھەم ياخشى خاتىرە قالدۇردى).
(3) سۆز تەرتىپى — نۇتۇقتا سۆزلەرنىڭ ئىلگىرى – كېيىن تىزىلىش تەرتىپى.
مەسىلەن، پادىچى بالا، ئۇلۇغ غايە...
(4) ئىنتوناتسىيە — جۈملە ياكى جۈملە ئۇزۇندىسىنىڭ ئاھاڭىنىڭ ئېگىز – پەس
ئۆزگىرىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاسىتىسىدە ئوخشىمىغان جۈملىلەر بىر – بىرىدىن
پەرقلەندۈرۈلىدۇ. پائۇزىمۇ ئىنتوناتسىيىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى بولۇپ، جۈملە
بىلەن جۈملە ئوتتۇرىسىدىكى، جۈملە بۆلەكلىرى بىلەن جۈملە بۆلەكلىرى، سۆز
بىلەن سۆز ئوتتۇرىسىدىكى ئاۋاز جەھەتتىكى تىنىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، جالال
ئاكام / سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ. جالال / ئاكام سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ. ئادىل –
ئوقۇغۇچى. مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان، غايىلىك، ئەخلاقلىق.
2) ئۇيغۇر تىلىدىكى سىنتاكسىسلىق بىرلىكلەر
ئۇيغۇر تىلىدا مورفېما، سۆز، سۆز بىرىكمىسى ۋە جۈملىدىن ئىبارەت تۆت خىل
گرامماتىكىلىق بىرلىك بار بولۇپ، بۇنىڭ كېيىنكى ئىككىسى سىنتاكسىسنىڭ
تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرىدۇ، شۇڭا سىنتاكسىسلىق بىرلىكلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
(1) سۆز بىرىكمىسى — ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق مۇستەقىل سۆزنىڭ
بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان، بىر سۆزگە ئوخشاش رول ئوينايدىغان جۈملىنىڭ
قۇرۇلۇش ماتېرىيالىدۇر. ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز بىرىكمىلىرى تۈزۈلۈش جەھەتتىكى
ئالاھىدىلىككە (ئىككى سۆزدىن ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزدىن تۈزۈلگەنلىكىگە)
ئاساسەن ئاددىي سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن، دېھقان بالىسى) ۋە مۇرەككەپ سۆز
بىرىكمىسى (مەسىلەن، ھاياتنىڭ گۈزەل چاغلىرى) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنسە ؛
تەركىبىدىكى بېقىندۇرغۇچى سۆزنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ، ئىسىم خاراكتېرلىك سۆز
بىرىكمىسى (مەسىلەن، بىزنىڭ ئوقۇتقۇچى)، سۈپەت خاراكتېرلىك سۆز بىرىكمىسى
(مەسىلەن، ئۆگىنىشتە ئەلا)، ئىسىمداش خاراكتېرلىك سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن،
ئوقۇشقا بارماق)، سۈپەتداش خاراكتېرلىك سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن، بەش يىل
ئوقۇغان) ۋە رەۋىشداش خاراكتېرلىك سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن، ئاستا – ئاستا
مېڭىپ) دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
سۆز بىرىكمىسىدىن ئىبارەت بۇ بىرلىك جۈملىدىن تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن
پەرقلىنىدۇ : ① سۆز بىرىكمىسى جۈملە ئىچىدىكى بىرلىك بولۇپ، بايان
خاراكتېرىگە ئىگە ئەمەس ؛
② سۆز بىرىكمىسى كەم بولغاندا ئىككى سۆزدىن تەركىب تاپىدۇ ؛ ③ سۆز
بىرىكمىسى بىۋاسىتە تەركىبلەرنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىب تاپىدىغان بىرىكمە.
(2 ) جۈملە — تولۇق بىر ئوي – پىكىرنى بىلدۈرىدىغان، مۇئەييەن
ئىنتوناتسىيىگە ئىگە بولغان ئەڭ كىچىك نۇتۇق بىرلىكى.
جۈملە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە : ① ھەرقانداق جۈملە تولۇق
ئاياغلاشقان ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەيدۇ ؛ ② ئۇ سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ
مۇئەييەن سىنتاكسىسلىق قائىدە – قانۇنىيەتلەر بويىچە بىرىكىشىدىن ھاسىل
بولغان مۇكەممەل تىل بىرلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ؛ ③ ھەرقانداق جۈملە
ئۆزىگە خاس ئىنتوناتسىيىگە ئىگە بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈملىلەر مەنىسىگە ئاساسەن : ① بايان (خەۋەر) جۈملە — ئوي
– پىكىر بايان تەرىقىسىدە ئىپادىلەنگەن جۈملە (مەسىلەن، ئۇ 1908 –
يىللاردىن باشلاپ شېئىر ئىجادىيىتىدە تېخىمۇ دادىللىق بىلەن قەلەم
تەۋرىتىپ، تېخىمۇ سالماقلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، باشقىلار بايقىمىغان
نەرسىلەرنى بايقاپ ۋە ئۇنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن ئىپادىلەپ، شېئىرىيەت
ساھەسىدە خېلى زور ئۈنۈم ھاسىل قىلدى) ؛ ② سوئال جۈملە — ئوي – پىكىر
سوئال تەرىقىسىدە ئىپادىلەنگەن جۈملە (مەسىلەن، بۇ شېئىردىكى رېئاللىق
ھەممە كىشى كۆرگەن، لېكىن ھېس قىلالمىغان، تونۇپ يەتمىگەن ئاشۇ ئاپەتلىك
يىللارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك شېكايىتى ئەمەسمۇ ؟) ؛ ③ ئۈندەش جۈملە — تۈرلۈك ھېس –
ھاياجانلىق پىكىرلەرنى ئىپادىلىگەن جۈملە (مەسىلەن، سېنى تۇغۇپ ئۆستۈرگەن
قاراقاش دەرياسى بىلەن يۇرۇڭقاش دەرياسىغا بارىكاللا ! شۆھرىتىڭنى جاھانغا
يايغان ھۆنەرۋەن خوتەن خەلقىگە ھەشقاللا !) ؛ ④ بۇيرۇق جۈملە — بۇيرۇق،
تەلەپ، ئۆتۈنۈش، شوئار، چاقىرىق، ئارزۇ – ئىستەك ۋە مەسلىھەت مەزمۇنىدىكى
ئوي – پىكىرلەرنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە. (مەسىلەن، دەرھال يولغا چىقىڭلار
!) دېگەن تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ.
جۈملە يەنە تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن : ① ئاددىي جۈملە — تولۇق ئاياغلاشقان يەككە
ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە. (مەسىلەن، بۇ تەسۋىر ئۆز ئوغلى ئۈچۈن
كۆيۈپ – پىشىپ يۈرگەن مېھرىبان ئانىنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ تولۇقلايدۇ.) ؛ ②
قوشما جۈملە — مەزمۇن جەھەتتىن بىر – بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى
ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تارماق جۈملىلەرنىڭ مەلۇم سىنتاكسىسلىق قائىدە بويىچە
بىرىكىشىدىن تۈزۈلۈپ، بىرقەدەر مۇرەككەپ ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان
جۈملە (مەسىلەن، ئوغۇلنىڭ مەردلىكى ئاتىغا تالىق، قىزنىڭ ئۇزلۇقى ئانىغا
تالىق، داننىڭ توقلۇقى تۇپراققا باغلىق، گۈلنىڭ جامالى ياپراققا باغلىق)
دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
تەكرارلاش سوئاللىرى
1. تىل دېگەن نېمە ؟
2. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دېگەن نېمە ؟
3. ئۇيغۇر تىلىنىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت جەھەتتىكى تەۋەلىكى قانداق ؟
4. ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزىنىڭ ئومۇمىي تارىخىي تەرەققىياتىغا قاراپ قانداق
دەۋرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ ؟
5. دىئالېكت دېگەن نېمە ؟ شېۋە دېگەن نېمە ؟ يېتەكچى دىئالېكت دېگەن نېمە ؟
6. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى قانداق دىئالېكتلارغا بۆلۈنىدۇ ھەم ئۇلار
قايسى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؟
7. ئەدەبىي تىل دېگەن نېمە ؟
8. تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش دېگەن نېمە ؟ نېمە ئۈچۈن تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش زۆرۈر
بولىدۇ ؟
9. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ نورمىلىرى قايسىلار ؟
10. ئىملا قائىدىسى دېگەن نېمە ؟ ئۇنىڭ قانداق رولى بار ؟
11. ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشنىڭ پرىنسىپلىرى قايسىلار ؟
12. ئىملا قائىدىسى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؟
13. تەلەپپۇز قائىدىسى دېگەن نېمە ؟ ئۇنىڭ ئەھمىيىتى نېمە ؟
14. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى قايسى ؟ ئۇ نېمىگە ئاساسەن
بەلگىلەنگەن ؟
15. تەلەپپۇز قائىدىسى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؟
16. فونېتىكا دېگەن نېمە ؟ ئۇ نېمىنى تەتقىق قىلىدۇ ؟
17. ئۇيغۇر تىلىدىكى فونېتىكىلىق بىرلىكلەر قايسىلار ؟
18. فونېمىلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى دېگەن نېمە ؟
19. ئۇيغۇر تىلىدا نۇتۇق ئېقىمىدا يۈز بېرىدىغان فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر
قايسىلار ؟
20. لۇغەت تەركىبى دېگەن نېمە ؟ ئۇ قانداق قىسىملارغا بۆلۈنىدۇ ؟
21. لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر قانداق توپلارغا بۆلۈنىدۇ ؟
22. ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىنى بېيىتىشنىڭ يولى ۋە پرىنسىپلىرى قايسىلار
؟
23. گرامماتىكا دېگەن نېمە ؟ ئۇنىڭ تەركىبىي قىسىملىرى قايسىلار ؟
24. ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەر تۈزۈلۈشىگە قاراپ قانداق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ ؟
25. سۆز تۈركۈمى دېگەن نېمە ؟ ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەر قانداق تۈركۈملەرگە
بۆلۈنىدۇ ؟
26. ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەر قانداق مورفولوگىيىلىك شەكىللەرگە ئىگە ؟
27. ئۇيغۇر تىلىدا كۆپ ۋارىيانتلىق قوشۇمچىلارنىڭ قوللىنىلىشى قانداق ؟
28. سىنتاكسىسلىق قۇرۇلما، مۇناسىۋەت، ۋاسىتە دېگەن نېمە ؟
29. ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەر بىر – بىرى بىلەن قانداق نۇسخىدا مۇناسىۋەتلىشىدۇ
؟
30. ئۇيغۇر تىلىدىكى سىنتاكسىسلىق ۋاسىتىلەر قايسىلار ؟
31. سۆز بىرىكمىسى دېگەن نېمە ؟ ئۇ قانداق ئۆلچەملەرگە ئاساسەن قانداق
تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ ؟
32. جۈملە دېگەن نېمە ؟ ئۇ قانداق ئۆلچەملەرگە ئاساسەن قانداق تۈرلەرگە
بۆلۈنىدۇ ؟
مەنبە: ئالىي مەكتەپ تىل – ئەدەبىياتى. باش تۈزگۈچى: خەمىت زاكىر
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002 - يىل |