|
مەشھۇر جامائەت ئەربابى، ئاتاقلىق دىنىي ئالىم ― مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇم
ئەسلىمە
ئابدۇلجېلىل تۇران
خوتەن خەلقى 20 ـ ئەسىرنىڭ كېيىنكى ئون يىلىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر، ئەڭ
داڭلىق ئالىملىرىدىن ئەڭ كۆپ ئايرىلغان ئون يىل بولدى.
خوتەن خەلقى 1994 ـ يىلى ئۇيغۇر تىبابەت ۋە دىن ئالىمى ئابدۇلھەمىد يۈسۈپ
داموللامدىن، 1995 ـ يىلى مەشھۇر دىنىي ئالىم مۇھەممەد قۇربان داموللامدىن،
1998 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تونۇلغان جامائەت ئەربابى، ئاتاقلىق
دىنىي ئالىم مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇمدىن ئايرىلدى.
مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇم 1924 ـ يىلى خوتەننىڭ ئاتچۇي يېزىسىدا يۇقىرى
قاتلام دىيانەتلىك ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئاتچۇي خوتەن پادىشاھى دەپ مەشھۇر بولغان مۇپتى ھەبىبۇللاھ ھاجىمنىڭ يۇرتى
بولۇپ، 1864 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى خوتەن خەلقى مۇپتى ھەبىبۇللاھ
ھاجىمنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قۇماندانلىقىدا ئىنقىلاب قىلىپ قوزغىلىپ، خوتەننى
ئازات قىلىپ، مۇپتى ھەبىبۇللاھ ھاجىمنى پادىشاھ قىلىپ سايلايدۇ. شۇنىڭ
بىلەن مۇپتى ھەبىبۇللاھ ھاجىم خەلق ئىچىدە «ھاجى پادىشاھ» دەپ ئاتىلىدۇ.
ھاجى پادىشاھنىڭ 30 ئايلىق پادىشاھلىق زامانىدا خوتەندە ئاجايىپ باياشاتلىق
ۋە خاتىرجەملىك يۈگۈزۈلۈپ، سودىگەرلەر دۇكانلىرىغا قولپا سالمايدىغان،
دېھقانلار دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ئاخشىمى ئۆيلىرىگە ئېلىپ كەتمەيدىغان
ھالەت شەكىللىنىدۇ. 1867 ـ يىلى ياقۇپ بەگ خوتەندىكى مازارلارنى زىيارەت
قىلىمەن دېگەننى باھانە قىلىپ، ھاجى پادىشاھنى مىڭ بىر ھىلە ۋە خىيانەت
بىلەن ئالداپ تۇتقۇن قىلىپ، شەھىد قىلىدۇ ۋە ئارقىدىن خوتەنگە بېسىپ كېلىپ،
بىچارە خوتەن خەلقىنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ، ئۇرۇپ ـ چېپىپ قەتلىئام قىلىپ،
ئىككى كېچە ـ كۈندۇزدە 50 مىڭ خوتەن مۇسۇلمانلىرىنى شەھىد قىلىپ، خوتەن
پادىشاھلىقىنى نابۇت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «شەھىدانە خوتەن» دېگەن سۆز
داستان بولۇپ، تارىختا قالىدۇ.
مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇم 5 ـ 6 ياشلىرىدا دادىسىدىن ئايرىلىپ يېتىم
قالىدۇ. 1955 ـ يىللىرىغىچە، بىر تەرەپتىن ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا
يەنە بىر تەرەپتىن، خوتەندە ئەندىلىپ ئاخۇنۇم (خوتەن سېرغىز يېزىسىدىن
بولۇپ، 1986 ـ يىلى ۋاپات بولغان)، تۈردى مۇھەممەد ئاخۇن داموللام
(مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا بامدات نامىزىغا ماڭغاندا غايىپ ئوق تىگىپ شەھىد
بولغان)، رەجەپ ئاخۇن داموللام (خوتەن شەھەر ئىچىدىن بولۇپ، 1980 ـ يىللىرى
ۋاپات بولغان)، خوتەندە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئاتۇشلۇق ئابدۇلباقى ئاخۇن
داموللام قاتارلىق ئالىملاردىن دەرس ئالىدۇ. بىرقاتار دەرسلەرنى ئوقۇپ
تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن قاغىلىققا بېرىپ ئابدۇلھىكىم مەخسۇم
ھاجىم، ياسىن ئاخۇن داموللام (1975 ـ يىلى ۋاپات بولغان قاغىلىقلىق داڭلىق
ئالىم)، ئۇندىن كېيىن كاشغەرگە بېرىپ، كاشغەر مەدرىسىلىرىدە سۇلايمان ئاخۇن
داموللام (سۇلايمان ئاخون داموللام ئەسلى خوتەنلىك، كاشغەر ساچىيە
مەدرسىسىنىڭ داڭلىق مۇدەررىسلىرىدىن بولۇپ، 1992 ـ يىلى كاشغەردە ۋاپات
بولغان)، ئەمىن ئاخۇن مەۋلىۋى(1973 ـ يىللىرى ۋاپات بولغان كاشغەر خانلىق
مەدرسىنىڭ كاتتا مۇدەررىسلىرىدىن) ۋە باشقا ئالىم ـ ئۆلىمالار قولىدا
ئوقۇپ، 1959 ـ يىلى كاشغەردىكى مەدرىسىلەر پىچەنلەنگەندە خوتەنگە قايتىپ
كېلىپ، تىجارەت قىلىدۇ. 1960 ـ يىلىدىن 1976 ـ يىلىغا قەدەر خوتەندە 14 ـ
دېھقانچىلىق دادۈيدە بوغالتىرلىق قىلىدۇ.
1969
ـ 1971 ـ ۋە 1974 ـ 1976 ـ يىللىرى قاراڭغۇ بازارچى دېگەن «جىنايەت» بىلەن
بىرىنجى قېتىم 25 ئاي، 13 كۈن، ئىككىنچى قېتىم 27 ـ ئاي 13 كۈن جەمئى 53
ئاي تۈرمىدە ياتىدۇ. چۈنكى ئۇ يىللاردا ئوغرىلىق قىلىشتىن، تىجارەت قىلىش
چوڭراق جىنايەت ھېساپلىناتتى. ھەتتاكى 1968 ـ يىللىرى بولسا كېرەك ئويدە
باقىدىغان، ئەمما شۇنداق «قاراڭغۇ بازارچىلىق»قا ئىشلەتكەن بىزنىڭ قارا
ئېشەكمۇ 9 ئاي تۈرمىگە قامالغان ئىدى.
1976
ـ يىلى ئىككىنچى قېتىم تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، 1983 ـ يىلىغىچە خوتەن
قۇرۇلۇش ئەترىتىدە بوغالتىرلىق قىلىدۇ.
1980
ـ يىللىرى خوتەندە باشلانغان يېڭى ئىسلامى ئويغىنىش ھەرىكىتىگە ئاساس
سالغۇچى 15 ـ 18 ـ يىللار تۈرمىدە «ئۆزگىرىپ» كەلگەن ئابدۇللاھ قارىم،
ئابدۇل ئەزىز قاراجىم، ئابدۇللاھ قارى داموللام، مۇھەممەد قۇربان داموللام
قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خوتەندە، جۈملىدىن پۈتۈن شەرقىي
تۈركىستاندا يامراپ كەتكەن خۇراپاتلىق، بىدئەتچىلىك ھەرىكىتىگە شىددەت
بىلەن قارشى تۇرۇپ، مازار ـ ماشايىخلارغا چوقۇنماسلىقنى، مازارلارنى تاۋاپ
قىلماسلىقنى، مازارلارغا تۇغ ـ ئەلەم تىكلىمەسلىكنى، مازالارغا كالا،
قوچقارلارنى ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلماسلىقنى، مازرلاردا قۇرئان ئوقۇپ
پۇل ئالماسلىقنى، ناماز ھەققى ئالماسلىقنى، «رەدنامە» ئوقۇماسلىقنى
تەشەببۇس قىلغان. بىر قىسىم جاھالەتپەرەس سۇپى ـ ئىشانلارنىڭ ئىسلامىيەت
بىلەن ھېچ قانداق ئالاقىسى بولمىغان بىر بۆلۈك ناچار، خۇراپى ئادەتلىرىنى
نۇرغۇن توسقۇنلۇقلارغا پەرۋا قىلماي قاتتىق تەنقىت قىلغان.
1983
ـ يىلى پاكىستان چونجىراپ يولى ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج
قىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغاندىن كېيىن ئۇيەردە مۇھاجىر بولۇپ
ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئالىم ـ ئۆلىمالاردىن ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم
ھاجىم، مۇھەممەد سابىت داموللام (خوتەن گۇمىدىن بولۇپ، 1994 ـ يىلى جىددىدە
ۋاپات بولغان)، قارى قۇرئان ھاپىز قاراجىم (ھاپىز قاراجىم مەدىنىدە
ئولتۇراقلىشىپ قالغان گۇمىلىق كىشى بولۇپ، قارائەت ئىلمىدە ئەرەبىستاندا
تونۇلغان كىشى ئىدى)، ئابدۇلھەمىد مەۋلىۋى، ئابدۇسساتتار مەۋلىۋى قاتارلىق
كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ دوس بولىشىدۇ.
83 ـ
يىللىق ھەجدىن كېيىن ئەرەبىستاندا 4 ـ 5 ئايدەك تۈرۈپ يىل ئاخىرىدا
تۈركىيەگە كېلىدۇ. تۈركىيەدە 5 ـ 6 ئاي تۇرۇپ پاكىستانغا كېلىپ، 1984 ـ
يىلى پاكىستاندىن قايتا ھەجگە بېرىپ، ھەجدىن كېيىن يەنە پاكىستانغا قايتىپ
كېلىدۇ.
1984
ـ يىلى 12 ـ ئايدا 10 بالا بىلەن پاكىستاندىن قەدىمى دىيار مىسىرنىڭ
پايتەختى قاھىرىگە بارىدۇ. قاھىرىگە كەلگەندىن كېيىن بالىلارنىڭ «ئەل
ئەزھەر» ئالى ئىلىم دەرگاھىدا ئوقۇشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن يول ماڭىدۇ، بۇ
يولدا قاھىرىدە بىر بۆلۈك مىسىرلىق ئالىملار بىلەن تونۇشۇپ، دوس بولىشىدۇ.
مسىردا ئىككى ئايدەك زىيارەتتە بولغاندىن كيىن، مىسىردىن ئەرەبىستان،
پاكىستان يولى بىلەن خوتەنگە قايتىپ كېلىپ، خوتەندە ئۆز ئۆيىدە تالىپ
ئوقۇتۇشقا باشلايدۇ. ئوقۇتۇلغان دەرسلەر نەھۋى، سەرپ (ئەرەب تىلى
مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىس ئىلمى)، بالاغەت (سىتىلىستىكا)، ھەدىس، پىقھى،
تەپسىر قاتارلىق ئىلىملەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئوقۇيدىغان تالىپلارنىڭ سانىمۇ
كۈندىن ـ كۈنگە ئېشىپ كېتىدۇ. 1989 ـ يىلىغا كەلگەندە كېسەللىك سەۋىبى
بىلەن دەرىس ئوقۇتۇشنى توختىتىدۇ. 1992 ـ يىلى تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىپ، 1997
ـ يىلى خوتەنگە قايتىپ كېتىدۇ. 1998 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى
(رامىزاننىڭ 4 ـ كۈنى)كېچە سائەت 01.30 ئەتراپىدا ئاللاھ تەئالا مەرھۇمقا
تەقدىر قىلغان بۇ دۇنيادىكى ھايات مۇددىتى ۋە رىزقى نەسىۋىسى ئاخىرلىشىپ،
قەلبى ھەرىكەتتىن توختاپ كۆزى مەڭگۈ يۇمىلىدۇ.
شۇن
كۈنى پىشىن نامىزىدىن كشيىن نامىزى ئوقۇلۇپ، تۆت مىڭدىن ئارتۇق جامائەتنىڭ
ئىشتىراكى بىلەن 80 دىن ئارتۇق ماشىنىدا «ئالىمنىڭ ئۆلگىنى ئالەمنىڭ
ئۆلگىنى» دېگەندەك ئاجايىپ داغدۇغا ۋە ھەيۋەت بىلەن ئۆز يۇرتى ئاتچۇي
مازارلىقىغا ― ئاتا ـ ئانىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنىدۇ.
ئەپسۇسكى كىچىكىدىن باشلاپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن سۈرگۈندىكى ئىككى ئوغلى
نامازغا قاتنىشىپ، دەپنە پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلالمايدۇ ۋە بۈگۈنگە
قەدەر قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگىمۇ مۇۋەپپەق بولالمايدۇ.
ئۆلۈم ئىنساننىڭ دۇنيادىكى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەبەدىي دۇنياغا مەڭگۈ
سەپەر قىلىشى دېمەكتۇر.
ئۆلۈم ئىنساننى پۈتمەس ـ تۈگىمەس نېمەت ۋە ئەبەدى خۇشاللىققا، ياكى
ھېچقانداق پايدا بەرمەيدىغان پۇشايمان ۋە مەڭگۈ ئازاب ئوقۇبەتكە ئېلىپ
بارىدۇ.
ئۆلۈم مۇقەررەر دۇر. ھەر بىر ئىنسان «ئىڭڭە» دەپ يەرگە چۈشكەندە ئۆلۈمگە
قاراپ تۇنجى قەدىمىنى باسقان بولىدۇ.
دۇنياغا كەلگەن ھەرقانداق بىر جانلىقنىڭ ئۆلىشى تەبىئىيدۇر، ئۆلۈمدىن
ھېچكىم ۋە ھېچ نەرسە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. دۇنيادا مىڭ يىل ياشىغان لۇقمان
ھەكىممۇ ئۆلۈپ تۈگىگەن.
ھەزرىتى ئۆمەردەك ئادالەت تىمسالى خەلىپىلەرمۇ، ھەججاجدەك زالىم
پادىشاھلارمۇ، 26 يىل جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش جەريانىدە 26 مىليون
ئىنساننىڭ كاللىسىنى كەسكەن جاللاد ماۋ زېدۇڭمۇ ئاخىرى دۇنيادىن ئايرىلىپ
ئۆلۈپ تۈگىدى.
ھەر
بىر ئىنساننىڭ ئۆلىشى بىلەن، ئۇنىڭ دۇنيادىكى نامە ـ ئەمال دەپتىرى
يىغىشتۇرۇلۇپ، ئۇ دۇنيادىكى ھېساب ـ كىتابى باشلىنىدۇ.
ھەدىس شەرىپتە، «ھەرقانداق بىر ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پۈتۈن ياخشى
ـ يامان قىلغان ئىشلىرىنىڭ پايدىسى ئاخىرلىشىدۇ، پەقەت سەدەقە جارىيە،
پايدىلىق ئىلىم ۋە سالىھ پەرزەنت تەربىيلەپ قويغانلارنىڭ ساۋابى
قىيامەتكىچە يېتىپ تۇرىدۇ» دېيىلىدۇ.
شۇنداق، قىيامەتكىچە ساۋابى ئۈزۈلمەيدىغان ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارمۇ، تا
قىيامەتكىچە گۇناھى ئۈزۈلمەيدىغان يامان ئىشلارنى يولغان قويغانلارنىڭمۇ
ئاخىرى بارىدىغان يېرى قارا تۇپراق ئاستى.
ھەممىلا كىشىنىڭ ئۆلۈمى ئوخشاش قەدىرلىك ۋە مەڭگۈ خاتىرىلەشكە تېگىشلىك
بولمايدۇ. ئەقەللىسى ئىنسانىيەتكە بىرەر پايدا ـ مەنپەئەت كەلتۈرگەن ياكى
بىرەر كەشپىيات ئىجات قىلغانلار، ئالىم ـ ئۆلىمالار، يازغۇچى ـ شائىرلار...
ئىش قىلىپ دۇنيادىكى ھاياتىدا تىلغا ئالغۇدەك بىرەر ئىش قىلالىغانلار ئاز
بولسۇن، كۆپ بولسۇن ئۆزىگە يارىشا باشقىلار تەرىپىدىن خاتىرىلىنىدۇ. ئەمما
ياخشى ئىش قىلغانلار ياخشىلىق بىلەن خاتىرىلەنسە، ماۋزېدۇڭ، ستالىن، ۋاڭ
جېن، بۇرھان شەھىدى، سەيپىددىن ئەزىزىدەك جاللات، مەلئۇنلارمۇ كىشىلەر
قەلبىدە قىيامەتكىچە لەنەتكە ئوچراپ تۇرىدۇ.
رەھمەتلىك دادام ھەددىدىن ئارتۇق كىتاب خۇمارى بولۇپ، دادۈيدە 8 ـ 10
سائەتلەپ ھىسابات قىلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆيدە يەنە قانچە سائەت كىتاب
كۆرەتتى. رادىئو ئاڭلايتتى، گېزىت ئوقۇياتتى ۋە دۇنيا ئەھۋالىدىن ھەرقانداق
زىيالىلار بىلەن سۆھبەتلىشەلەيتتى. ھەتتاكى 2 ـ قېتىم تۈرمىدىن چىققان،
ئەللىك ياشتىن ئاشقان ۋاختىدىمۇ «ئىلمى پەرائىز» (مىراس ئىلمى)نى مەخسۇس
دەرس قىلىپ ئوقۇغان ئىدى.
ھاياتىدا جاھىزغا ئوخشاش كىتاب توپلىغان بولۇپ (جاھىز كلاسسىك ئەرەب
ئەدەبىياتىنىڭ پىشىۋالىرىدىن بولۇپ، كىتابلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن كىتاب
بېسىۋېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن دەيدىغان رىۋايەت بار)، ئويدە نى ـ نى كىتابلار،
جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستادا تەۋەسىدە كەم تېپىلىدىغان سابىت داموللامنىڭ
«شىرىن كالام»، ئۇفالىق ئەھمەد پەرىد ئابباسىنىڭ «سىراتۇلمۇستەقىم»،
مۇھەممەد زەرىف قاراجىمنىڭ «ئەممە پارە تەپسىرى» ناملىق تەپسىرلىرىمۇ،
ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ ئەسەرلىرىمۇ بار ئىدى. خوتەندە ئۆلىمالارنىڭ،
جۈملىدىن تالىپلارنىڭ كىتاب مەسىلىسى بىزنىڭ ئۆيدىن ھەل بولاتتى. بۇ ئادەت
ماڭىمۇ مىراس بولۇپ قالدى.
رەھمەتلىك دادام موللا تەبەقىسىدىن بولسىمۇ، باشقا تىرىكتاپ، ئىشلىمەي
بىكاردىن كېلىدىغان ناماز ھەققى، ئۆشرە ـ زاكات، سەدەقە ـ ئېھسانغا قاراپ
ئولتۇرىدىغان موللىلارنىڭ ئەكسىچە كىچىكىدىن باشلاپ تىجارەت بىلەن
شۇغۇللىنىپ، ئۆز مىھنىتى بىلەن ھالال ياشاپ كەلگەن، ھاياتىدا بىر تىيىن
زاكات ياكى سەدەقە يەپ باققان كىشى ئەمەس ئىدى. شۇنداقلا ئىسراپخور ئەمەس،
ئەمما سېخى كىشى ئىدى، پەقىر ـ پۇقەرا، يېتىم ـ يېسىرلەر، تالىبۇل
ئىلىملەرگە ماددى، مەنىۋى يار يۆلەكتە بولغاننىڭ سىرتىدا خوتەندە مەسجىد
سېلىش ئىشلىرىغا باشلامچىلىق قىلىپ ئالدى بىلەن ئۆزى پۇل چىقىرىپ،
باشقىلارنىمۇ پۇل بېرىشكە رىغبەتلەندۇرۇپ، قانچە مەسجىدنىڭ رۇياپقا
چىقىشىغا ۋەسىلە بولغان ئىدى.
دادام تىجارى ۋە سىياسىي «جىنايەت» بىلەن 15 ـ 20 يىللاپ تۈرمىگە مەھكۇم
بولغانلارنى داۋاملىق يوقلاپ تۇراتتى. باشقىلارغا بىرەر يۇەن ماددى ياردەم
قىلىش چوڭ جاسارەت تەلەپ قىلىدىغان 60 ـ 70 ـ يىللاردا مەھكۇملارغا قولىدىن
كېلىشىچە يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كىچەك، پۇل ئەۋەتىپ تۇراتتى.
رەھمەتلىك دادام ئۆلىما تەبىقىسىدىن بولۇپ، گەرچە خوتەندە ھاللىق ئائىلە
سانالسىمۇ، بىرەر ئەترەت (شىياۋدۈي)كە قاراشلىق سىياسىي كېڭەش، ياكى ئىسلام
جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزالىقىغا چاغلىق بىرەر «ھوقۇق» ۋەياكى «مەنسەپ» تۇتماي
كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خوتەندە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى جېدەل ـ ماجرا،
ئىقتىسادى مۇئامىلىدىكى تالاش ـ تارتىش ئىشلىرىنى لىللاھ مەيداندا تۇرۇپ
بىر تەرەپ قىلاتتى. بۇنىڭدىن ھەر ئىككى تەرەپ رازى بولىشاتتى.
رەھمەتلىك دادامنىڭ ۋاپات خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى
ئەللىرىدە ياشاۋاتقان دوس ـ بۇرادەر، تونۇش ـ بىلىشلەرنىڭ ماڭا يازغان
تەزىيەنامەلىرىنى، پاكسلىرىنى تاپشۇرىۋالدىم، تېلېفونلىرىنى قۇبۇل قىلدىم.
بۇ ئەسلىمىنى يېزىش مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دوسلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.
بۈگۈن دادامنىڭ ۋاپاتىغا يەتتە يىل بولدى. مەن رەھمەتلىك دادامنى قاتتىق
سېغىنىش ۋە رەھمەت بىلەن ياد ئېتىمەن.
|