|
خوتەن خەلقىنىڭ دىنى پىشىۋاسى ― مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم
ئەسلىمە
ئابدۇلجېلىل تۇران
شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىڭ يىللىق ئىسلام تارىخىدا تۇنجى قېتىم مەسجىدتە
قۇرئان كەرىمنى تەپسىر قىلغان كىشى مەرھۇم مۇھەممەد قۇربان داموللا
ھاجىمدۇر.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 ـ ئەسىردە ئۆتكەن تىلشۇناس ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ
يېگانە ئەسىرى ― «دىۋانى لۇغاتىتتۈرك» كىتابىنى تەرجىمە قىلىشقا خوتەندىن
مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان كىشىمۇ مەرھۇم مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم ئىدى.
خوتەندىكى خېلى ـ خېلى ئۆلىمالار ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەردە مۇراجىئەت
قىلىنىدىغان كىشى مەرھۇم مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم ئىدى.
ئاتاقلىق دىنى ئالىم، مەشھۇر جامائەت ئەربابى مۇھەممەد قۇربان داموللا
ھاجىم تەخمىنەن 1932 ـ يىللىرى خوتەن شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان
ھالال باغ كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. مەرھۇم ئوقۇش يېشىغا توشقاندىن كېيىن،
كاشغەرگە كېلىپ (ئەلۋەتتە باشلانغۇچ ساۋادىنى خوتەندە چىقارغاندىن كېيىن)
كاشغەردىكى خانلىق مەدرىسە قاتارلىق داڭلىق مەدرىسىلەردە ئەمىن مەۋلىۋى
داموللام، سۇلايمان ئاخۇن داموللام، سالىھ داموللام قاتارلىق كاتتا
ئۆلىمالار قولىدا ئوزۇن مۇددەت ئوقۇپ، ئىسلام دىنى ئىلىملىرىنىڭ ھەرقايسى
ساھەسى، جۈملىدىن كلاسسىك ئەرەب ئەدەبىياتى بويىچە يۈكسەك دەرىجىدە ئىلىم
تەھسىل قىلغان. 50 ـ يىللىرى خوتەندىن كاشغەرگە ئوقۇشقا بارغان تالىبۇل
ئىلىملەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى كاشغەر مەدرىسىلىرىدە
ئوقۇش قارار قىلىنغان دەرسلىكلەرنىڭ ھەممىنى دېگۈدەك مۇۋەپپىقىيەتلىك
تۈگىتىپ «داموللا» دېگەندەك ئۇنۋانلارغا ئېرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ،
كاشغەردىكى داڭلىق مۇدەررىس ئەمىن مەۋلىۋى داموللام: «خوتەندىن كەلگەن
تالىپ كۆپ، ئەمما بۇلاردىن موللا بولغىنى ئۈچ»، دەپ ماختىخان ئۈچ كىشىنىڭ
بىرى مۇھەممەد قۇربان داموللام ئىدى. ئەمىن مەۋلىۋى داموللام كۆزدە تۇتقان
ئۈچ تالىپنىڭ يەنە بىرى خوتەن كېرىيەلىك مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن ئاخۇن
خەلپىتىم(بۇران)، ئىككىنچىسى، قارى قۇرئان، دىنى ئالىم ئابدۇللاھ روزى
داموللام ئىدى.
مەرھۇم مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم ئەنە شۇنداق يۈكسەك ئىلىم ـ ئىقتىدار
بىلەن 1959 ـ يىللىرى خوتەنگە قايتىپ كەلگەن. 1959 ـ يىلى كاشغەردىكى پۈتۈن
مەدرىسىلەرمۇ تاقالغان.
مەرھۇم مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم كاشغەردىكى ئىلىم تەھسىلىنى تۈگىتىپ
خوتەنگە قايتقان يىللار پۇتۇن شەرقىي تۈركىستاننى قارا بۇران قاپلىغان
يىللار ئىدى. مۇھەممەد قۇربان داموللام خۇتەنكە كېلىپ ئۇزۇن ئـۆتمەي
خۇتەندىكى سان ـ ساناقسىز دىنىي ئۆلىمالار، زىيالىلار قاتارىدا ئۆزىنى
زىنداندا كۆرىدۇ. شۇ ۋاقتىدا زىندانغا تاشلانغان خوتەننىڭ مەشھۇر
ئالىمالىرىدىن ئويغۇر تىبابەت ئالىمى، مەرھۇمننىڭ ئەڭ يېقىن دوستى
ئابدۇلھەمىد يۈسۈپ داموللام، ھۇشۇر نىياز مۇپتى ئاخۇنۇم (1959 ـ يىلى قولغا
ئېلىنىپ، 1963 ـ يىلى تۈرمىدىن ئۆلىكىنى بەرگەن)، ئابدۇل ئەزىز قاراجىم (15
ـ يىلدىن ئارتۇق تۈرمىدە يېتىپ چىققاندىن كېيىن 1979 ـ يىلى ۋاپات بولغان)،
ئابدۇلۋەلى ھاجىم (15 يىلدىن ئارتۇق كېرىيە تۈرمىدە «ئۆزگىرىپ» كەلگەندىن
كېيىن 1981 ـ يىلى ۋاپات بولغان)، ئابدۇللاھ قارىم (15 ـ يىللىق زىندان
ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتكە چىققان ۋە 1984 ـ يىلى ئالەمدىن
ئۆتكەن)، ئابدۇلغەنى ھاجىم (1976 ـ يىللىرى يەركەن پەيلودا ۋاپات بولغان)،
ئابدۇ نەبى قاراجىم 1963 ـ يىلى تۈرمىدىن ئۆلىكىنى بەرگەن)، غىياسىددىن
قاراجىم (1970 ـ يىللىرى كېرىيە تۈرمىدە ۋاپات بولغان)....، ئۇيغۇر
زىيالىيلىرىدىن مەرھۇم جاپپاب ئەمەت قاتارلىق ئالىم ـ ئۆلىمالىرىمىزنى،
زىيالىيلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەپ ئۆتىمىز.
مەرھۇم مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم 1965 ـ ياكى 1966 ـ يىلى ئىنسان
چىدىغۇسىز ئاچلىق ۋە ئېغىر ئەمگەكتە ئۆتكەن 5 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى
ئاخىرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتكە چىقىدۇ.
مەرھۇم تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، رەھمەتلىك دادام مۇھەممەد
ئابدۇللاھ مەخسۇم ئەڭ يىقىن دوستى ۋە ساۋاقدىشى مۇھەممەد قۇربان داموللا
ھاجىمنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىك شەرىپىگە ئۆيگە مېھمانغا چاقىرىپ،
ئۆيدە ماڭا ئاتاپ باققان بىر ئاق پاقلاننى ئۆلتۈرۈپ مېھمان قىلغاندا مەن
قانچە كۈن يىغلىغان.
مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ جەمئىيەتكە
چىققاندىن كېيىن تۈرمىدە ئۆگەنگەن تامچىقىلىق ئىشىنى قىلىپ، خوتەن قۇرۇلۇش
ئەترىتىدە تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر باش تېخنىك بولۇپ ئىشلەپ ئالەمدىن
ئۆتكەن.
مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىمنىڭ ھاياتى 70 ـ يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە ئەنە
شۇنداق قۇرۇلۇش ئەترىتىدە ئىشلەش بىلەنلا ئۆتكەن. چۈنكى ئۇ يىللاردا تالىپ
ئوقۇتۇش، دەرس سۆزلەش ۋە ۋەز ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
1979
ـ يىللىرىغا كەلگەندە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئازراق ئۆزگىرىشىدىن
پايدىلىنىپ، مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم جامائەتتىن پۇل توپلاپ ئۆز
ئۆيىنىڭ يېنىغا كىچىك بىر مەسجىد سالدۇرغان. بۇ مەسجىد نۇرلۇق مەسجىد دەپ
ئاتالغان بولۇپ، بۇ مەسجىد كېيىن ھەم مەسجىدلىك ھەم مەدرىسىلىك ۋەزىپىسىنى
ئۆتىگەن. مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم ئەنە شۇ مەسجىدتە 1979 ـ ۋە 80 ـ
يىللىرى ھەر كۈنى سەھەردە بامدان نامىزىدىن كېيىن، قۇرئان كەرىمنى ئاغزاغى
تەپسىر قىلىپ ئۆتكەن. مەرھۇمنىڭ قۇرئان كەرىم تەپسىرىنى ئاڭلاشقا كەلگەن
جامائەت مەسجىدكە پاتماي قالغان. بۇ خوتەن ئىسلام تارىخىدا تۇنجى قېتىم
مەسجىدتە قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىر قىلىنىشى بولسا كېرەك. چۈنكى شەرقىي
تۈركىستاندا ئۇنىڭدىن بۇرۇن مەسجىدلەردە ۋە جامائەت سورۇنلىرىدا باشقا
كىتابلاردىن ۋەز ئېيتىش ئىشى كەڭ ئومۇملاشقان بولسىمۇ، قۇرئان كەرىمنى
مەسجىدتە ياكى جامائەت سورۇنلىرىدا تەپسىر قىلىش ئىشى ئانچە ئومۇملاشمىغان
ئىش ئىدى.
مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم بىر بۆلۈك تىرىك تاپ موللىلارنىڭ ئەكسىچە،
باشقىلارنىڭ قولىغا قارىماي، كۈندۈزى تەشكىلنىڭ ئىشى بىلەن بولۇپ، شۇنىڭدىن
ئالغان مائاشىنى خىراجەت قىلىپ، يەنى پىشانىسىدىن تەر ئاققۇزۇپ، ھالالدىن
ئىشلەپ، تۇرمۇش كەچۈرگەن.
80 ـ
يىللاردىن كېيىن، مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا
ئۆز مەسجىدىدە نۇرغۇنلىغان تالىپلارغا دەرس بېرىشكە باشلايدۇ. تالىپلارنىڭ
سانى كۈنسىرى ئېشىپ بارىدۇ.
شۇ
كۈنلەردە (80 ـ يىللىرى) ئاپتونوم رايونلىق ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى
مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «دىۋانى لۇغاتىتتۈرك» ناملىق ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىش
گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ يېڭى ئىش باشلىغاندا خوتەندىن مۇھەممەد قۇربان داموللا
ھاجىمنى مەخسۇس تەكلىپ قىلىپ، مەرھۇمنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىپ، 5 ـ 6 ئاي
مەزكۇر كىتابنى تەرجىمە قىلىش ئىشىغا قاتناشتۇرغان. مەرھۇم «تۈركى تىللار
دىۋانى»نى تەرجىمە قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ئاتاقلىق تىلشۇناس ئالىملاردىن
ئىبراھىم مۇتىئى، مىر سۇلتان ئوسمانۇۋ، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، ئابدۇسالام
ئابباس قاتارلىق ئۇيغۇر ئالىم ـ زىيالىيلىرى ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئىلمى
ئىقتىدارىنى نامايەن قىلغان.
مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم مىسىر جەدىدىزملىق ھەرىكىتىنىڭ
پىشىۋالىرىدىن مىسىر مۇپتىسى شەيخ مۇھەممەد ئابدۇھ ۋە سەئۇدى
ئەرەبىستاندىكى سەلەپى ھەرىكىتىنىڭ يول باشچىلىرىدىن مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇل
ۋەھھابنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرايدۇ. تالىپلىرىغا ئۆتكەن دەرسلىرىدە شەرقىي
تۈركىستاندا ئەسىرلەردىن بىرى مەدرىسىلەردە ئوقۇتۇلۇپ كەلگەن كلاسسىك
ئىسلام ئەسەرلىرىنى ئوقۇتقاننىڭ سىرتىدا مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇل ۋەھھاپ،
مۇھەممەد ئابدۇھ، رەشىد رىزا قاتارلىق ئالىملارنىڭ كىتابلىرىنى تۇنجى بولۇپ
دەرس قىلىپ ئوقۇتۇشنى يولغا قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خوتەندە بىر قىسىم قارا
كۈچلەرنىڭ دىنى ئىختىلاپ پەيدا قىلىشىغا قىسمەن سەۋەب بولغان بولسىمۇ،
ئەمما بىر بۆلۈك ئىلغار ياش ئەۋلادلار يېتىشىپ چىقىدۇ.
مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم تالىپلارغا دەرس ئۆتكەننىڭ سىرتىدا 80 ـ
يىللىرىدىلا ئۆز مەسجىدىنىڭ خاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ، جۈمە
خۇتبىسىنى ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى يولغا قويىدۇ. بۇ شەرقىي تۈركىستاندا،
جۈملىدىن خوتەندە جۈمە خۇتبىلىرىنىڭ ئويغۇرچە ئوقۇلۇشىنىڭ باشلىنىشى
ھېسابلىناتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىمنىڭ ۋەز ـ
خۇتبىلىرىنى ئاڭلىغىلى خوتەننىڭ يىراق ـ يېقىن يېزىلىرىدىن ھەتتاكى
قاراقاش، لوپ ناھىلىرىدىن كەلگەن جامائەت مەسجىكە سىغماي، يوللار توسۇلۇپ
قالىدۇ. مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىمنىڭ ئەينى زاماندا سۆزلىگەن ۋەز ـ
خۇتبىلىرىنىڭ ئۈن ئالغۇ لىنتىلىرى بۈگۈنگە قەدەر خەلقنىڭ قولىدا قولدىن ـ
قولغا ئۆتۈپ، ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىپ كەلمەكتە.
مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم 1983 ـ يىلى كاشغەر ـ پاكىستان خونجىراپ
يولى ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەجگە كېلىدۇ. مەرھۇمنىڭ ھەج سەپىرىدە
رەھمەتلىك دادام ۋە مەن بىللە ئىدۇق. مەرھۇم پاكىستاندا ھەجگە ساقلاپ
تۇرغان كۈنلەردە ۋەتەندىن كەلگەن ھاجىلارغا ھەج قائىدىسى ۋە ھەج
ئەھكاملىرى ھەققىدە ھەر كۈنى ۋەز سۆزلەپ بېرەتتى. 83 ـ يىلقى ھەج
پائالىيىتى ئاخىرلىشىپ مەرھۇم قايتىپ كەتكەنگە قەدەر بىللە بىز بىللە
بولغان.
مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىدىغان كۈنلەردىن
بىر كۈنى دۇنيادىكى پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئاپ ئاق لىباسقا يۈگىنىپ جەم
بولىدىغان مىنا مەيدانىدا ۋەتەندىن كەلگەن ئۇيغۇر ھاجىلارغا ۋەز سۆزلەيدۇ.
بۇ ۋەزنى پۈتۈن ئۇيغۇر ھاجىلار ئاڭلىغاننىڭ سىرتىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا
مۇھاجىر بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوقۇپ، سەئۇدى
ئەرەبىستاندىكى ئالى بىلىم دەرگاھلىرىدا ئۇزۇن مۇددەت مۇدەررىس بولغان
خۇتەن ئۇجاتلىق ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم داموللام ئاڭلاپ، مۇھەممەد قۇربان
داموللا ھاجىمنىڭ ئىلمىي ئىقتىدارىغا ھەيران قالغان. ھەج پائالىيىتىنى
تۈگىنىپ مەككىدە تۇرغان كۈنلەردە مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىمنى سەئۇدى
ئەرەبىستاندىكى مۇھاجىر ئۆلىمالار ئۆي ـ ئۆيلەرگە مېھمانغا چاقىرىپ،
ئاجايىپ ھۆرمەت كۆرسەتكەن.
مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم 83 ـ يىلى ھەج پائالىيىتىنى تۈگىتىپ، مەدىنە
مۇنەۋۋەرەنى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان يېڭى ـ يېڭى
كىتابلارنى ئېلىپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، يەنە تالىپلارغا دەرس ئۆگىتىش،
مەسجىددە ۋەز ئېيتىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.
مەرھۇم مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم بۈگۈن ئىسلام دۇنياسىدا ئالىي
ئىمارەتلەردە ئولتۇرۇپ، يۇقىرى مائاش ئېلىپ، يېڭى ـ يېڭى ماشىنىلارنى
ھەيدەپ، گېلىغا گلاستۇق تاقاپ مەغرۇر يۈرىيدىغان ئىلاھىياتچى دوكتور،
پروفېسسورلارنىڭ ئەكسىچە، ئاددى كىيىنىپ، ۋېلىسپىت مىنىپ، قۇرۇلۇش
ئىدارىىسىدىن ئالغان مائاشىغا قانائەت قىلىپ، تالىپلاردىنمۇ بىر تىيىن ھەق
ئالماي ھەركۈنى نەچچە سائەتلەپ دەرس ئوقۇتىدۇ.
شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكەن پۈتۈن ئۆلىمارلاغا نىسىپ بولمىغاندەك مۇھەممەد
قۇربان داموللا ھاجىمغىمۇ بىرەر كىتاب يېزىپ قالدۇرۇش نىسىپ بولمىسىمۇ
نۇرغۇن تالىپ يېتىشتۈرىدۇ.
مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم ئاز ۋە ساز گەپ قىلىدىغان تەمكىن كىشى
بولۇپ، بەك پەرھىزكار ۋە تەقۋادار كىشى ئىدى. قولىدىن كىتاب چۈشمەيدىغان
كىتاب مەستانىسى بولۇپ، پەقەت ھەدىس، تەپسىر كىتابلىرىنىلا ئەمەس، ھەتتاكى
كلاسسك ئەرەب ئەدەبىياتىغا ئائت كىتابلارنىمۇ تاھارەتسىز تۇتمايتتى. ئەگەر
تاھارەتسىز كىتاب كۆرۈشكە توغرا كەلسە، لۇغەت ئۆگىنىش مەقسىتى بىلەن
ماۋزېدۇڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەرەبچىسىنى ئوقۇياتتى.
مەرھۇمنىڭ دەرس ئۆگىتىش، ۋەز ئېيىتش ئىشى تاكى 90 ـ يىللىرىغا قەدەر
داۋاملىشىدۇ. 90 ـ يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا يۈزبەرگەن بىر قاتار
سىياسىي ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم سىياسى
تەقىبكە ئۇچرايدۇ. تالىبلار تارقىتىلىدۇ. مەسجىدتە ۋەز سۆزلەش ئىشىمۇ
چەكلىمىگە ئوچرايدۇ. شۇ يىللاردا مەرھۇمنىڭ سالامەتلىكىمۇ تازا ياخشى
بولمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ يەنە قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىكى ئىشىنى ۋە ئەتىگەن ـ
ئاخشامدا كىتاب مۇتالىئە قىلىشنى بىركۈنمۇ توختاتمايدۇ.
مەرھۇم 1994 ـ يىلى ئايالى بىلەن يەنە ھەجگە كېلىدۇ ۋە ئالدىراش قايتىدۇ.
سالامەتلىكى كۈندىن ـ كۈنگە ناچارلىشىدۇ. ئاخىرى 1995 ـ يىلى 12 ـ ئايدا
داۋالىنىشقا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۈرۈمچى 2 ـ دوختۇر خانىدا بالنىستا ياتىدۇ.
1995
ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەرھۇمنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى
ئاخىرلىشىپ، يۈرىكى ھەرىكەتتىن توختاپ، كۆزى مەڭگۈ يۇمىلىدۇ.
مەرھۇمنىڭ جەسىتى خوتەنگە يۈتكەپ كېلىنىدۇ. خوتەندە مەرھۇمنىڭ ۋاپات خەۋىرى
تارقالغاندىن كېيىن، خوتەن خەلقى قاتتىق قايغۇغا چۆمىدۇ. مەرھۇمنىڭ
مۇخلىسلىرى مەرھۇمنىڭ جەسىدىنى ئېلىپ كەلگەن ماشىنىنىڭ ئالدىغا كېرىيەگە
قەدەر ئېقىپ بارىدۇ. مەرھۇمنىڭ نامىزى ئوقۇلغان كۈنى مەرھۇمنى ئەڭ ئاخىرقى
سەپىرىگە ئۇزىتىش ئۈچۈن خوتەننىڭ يىراق ـ يېقىن يېزىلىرىدىن ۋە باشقا
ناھىلەردىن كەلگەن جامائەت بىلەن خوتەننىڭ چوڭ كوچىلىرى توشۇپ كېتىدۇ.
قىسقىسى، مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا خوتەن خەلقى قانداق ھۆرمەت قىلغان بولسا،
ۋاپاتىغىمۇ شۇنداق ھۆرمەت كۆرسىتىشكەن ئىدى. مەرھۇمنىڭ جەسىتى خوتەن
خەلقىنىڭ كۆز يىشى ۋە نالە ـ پەريادى بىلەن قەبرىستانلىققا ئېلىپ كېلىنىپ،
مەرھۇمنىڭ ئەڭ يېقىن دوس ۋە مۇخلىسلىرىدىن ئاتاقلىق تىبابەت ۋە دىيانەت
ئالىمى ئابدۇلھەمىد يۈسۈپ داموللام ۋە قارى قۇرئان مەرھۇم ئۇستازىم
شەمسىددىن قارىھاجىم، قابىل قارىھاجىملارنىڭ يېنىقا ― تەۋرىزىم
قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ.
مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا بۈگۈن 10 ـ يىل بولدى. مەرھۇمنى ھۆرمەت ۋە سېغىنىش
بىلەن ياد ئېتىمىز.
مەرھۇمغا ئاللاھ رەھمەت قىلىپ بۇ دۇنيادىكى دوسلىرى بىلەن ئۇدۇنيادىمۇ ئالى
جەننەتلەردە بىللە بولغىلى نىسىپ قىلغاي. ئامىن!!!
مەرھۇمنىڭ ۋاپات خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن مەلۇم بىر كىشى مۇنداق مەرسىيە
يازغان:
مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم ۋاپاتىغا مەرسىيە
تىترىدى سانسىز يۈرەك، قىلغاچ سەپەر ئۇستازىمىز،
ئاز
كېلۈر ئۇستاز دېسەك، بەلكى ئادالەت قازىمىز.
تۆكتى ياش مىليۇنچە كۆز، پاتتى ۋەتەن ئەل قايغۇغا،
ياڭرىدى سەھرا-شەھەر، ھەر ئۆيدە ماتەم نالىمىز.
تەرتۆكۈپ ياققاچقا ئۇ دىللارغا تەۋھىد شامىنى،
بىرقەدەر يول تاپتى ئەل، ئۆستى يەنە ئوبرازىمىز.
مىھرىبان كەمتەر ئىدى، شۇنچە پەزىلەت ئۈستىگە،
شول
سەۋەبتىن بارئىدى ھەردەم ئىشەنچە نازىمىز.
ئىجتىھات بىلەن داۋام قىلسا كىتابتىن مەۋئىزە،
بوپ
قالاتتى سۆزلىرى ئىش ئۆلچىمى ئەندازىمىز.
نەدە
بولساق ئولتۇرار دىل جانىمىزنىڭ تۆرىدە،
تونۇلۇپ كەتتى ئۆيى ھەقنى كېڭەيتىش بازىمىز.
ھەيبىتى يۈكسەك ئىدى، چانمايتتى ھەركىم ئالدىدا،
بىلسەكىم بىزلەر ئۈچۈن بوپ كەلدى ئىلمى غازىمىز.
ياشىدى ھەق دىن ئۈچۈن، بولدى ھەقىقەت ئۈلگىسى،
ئەھلى تەۋھىد چوڭ-كىچىك مەڭگۈ ئۇنىڭدىن رازىمىز.
ئانا
يۇرت ئايرىلىپ قالدى پىداكار ئوغلى قۇرباندىن،
دىيانەت ھەمدە ئەخلاقنىڭ ھۇلىنى پۇختا قۇرغاندىن.
ۋاپاتى ئەلگە ئىنتايىن ئېلىپ كەلدى پەرىشانلىق،
مۇسىبەت ھەسرىتى ياڭراپ خوتەندىن،ئاقسۇ، تۇرپاندىن.
پۈتۈن ئەل قايغۇغا چۆمدۇق خۇسۇسەن ئەھلى تەۋھىدلەر،
تۇيۇقسىز ئايرىلىپ قالغاچ ئولۇغۋار تاجى ئۇنۋاندىن.
مۇسۇلمان ئەھلىگە قىزغىن بولاتتى كۆرسە ھەر يەردە،
توساتتى قايغۇرۇپ ئەلنى ھەمىشە كۇپرى تۇغياندىن.
مۇھەببەت ـ نەپرىتى رۇشەن ئىدى ھەرساھە خىزمەتتە،
كېسەلگە چارە كۆرگەندە تۆۋەن تۇرمايتتى لوقماندىن.
جاھالەت ئىلكىدە ئىڭراپ يېتىشقان خەلقى ئالەمگە،
ئوزۇقنى قاندۇرۇپ بەردى ھەدىسدىن ھۆكمى قۇرئاندىن.
1995
- يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى |