|
تارىخشۇناس ئالىم ھاجى ياقۇب
ھاجى
ياقۇب، 1920 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدە
دۇنياغا كەلدى.
ھاجى
ياقۇب بەش يېشىدا دادىسى ۋە ئانىسى بىلەن ھەجگە باردى. ھەج پائالىيەتلىرى
ئاياغلاشقاندىن كېيىن, رۇسىيە ئارقىلىق ئانا يۇرتى شەرقىي تۈركىستانغا
كەلدى. بۇلار شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەندە، شەرقىي تۈركىستاندا خۇجا نىياز
ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل ئىنقىلابىي بولۇۋاتاتتى.
1933
ـ يىلى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ”شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى“
يېڭىچە مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويغان ۋاقىت ئىدى. ھاجى ياقۇب باشلانغۇچ
مەكتەبنى ئانا يۇرتىدا پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1933 ـ يىلى ئاقسۇدا قۇرۇلغان
دارىل مۇئەللىمىننىڭ بىرىنچى قارار كۇرىسىدا ئوقۇدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن
كېيىن, ئۈچتۇرپان ناھىيىلىك ”سۇتۇق بۇغراخان باشلانغۇچ مەكتىبى“ دە
ئوقۇتقۇچى بولدى.
1937
ـ يىلىنىڭ باشلىرىدا مەركەز ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ شەھەرلىك يەتتىنچى
باشلانغۇچ مەكتەبكە ئوقۇتقۇچى بولدى ۋە ”مەركىزىي ئۇيغۇر مەدەنىيەت
ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى“ دا ياردەمچى باش كاتىب بولدى.
ھاجى
ياقۇب، 1941 ـ يىلى ”خوتەن شىنجاڭ گېزىتى“ دە مۇدىر ۋە باش مۇھەررىر بولدى.
شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قولغا ئېلىنپ, 1942 ـ
يىلى ئۈرۈمچىگە كەلتۈرۈلدى ۋە مەخسۇس سىياسىي مەھبۇسلارنى قامايدىغان 4 ـ
تۇرمىگە قامالدى. 1945 ـ يىلىنىڭ باشلىرىدا تۇرمىدىن قويۇپ بېرىلدى.
ھاجى
ياقۇب، 1946 ـ يىلى تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن نەنجىڭغا بېرىپ,
نەنجىڭدا تۇرۇشلۇق تۈركىيە باش كۇنسۇلى بىلەن كۆرۈشتى. تۈركىيەدە ئوقۇش
ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغانلىقتىن نەنجىڭ مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتتىدا ئوقۇتقۇچى
بولدى, يەنە بىر تەرەپتىن مەزكۇر بىلىم يۇرتىدا بىلىم ئاشۇردى.
1947
ـ يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ”جۇمھۇرىيەت قانۇنى“نى تۈزۈپ چىقىش
قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ قىلىندى. ھاجى ياقۇب خىتاينىڭ تۇنجى جۇمھۇرىيەت
قانۇنىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى ۋە شۇ يىلدىن باشلاپ مەتبەچىلىككە
كىرىشىپ ”تەڭرىتاغ“ ژۇرنىلىنى چىقاردى. بۇ ژۇرنالدا ھاجى ياقۇب مۇدىر ۋە
باش مۇھەررىر، ئابدۇللاھ تىمەن ياردەمچى مۇدىر ۋە ياردەمچى باش مۇھەررىر
بولدى. تەڭرىتاغ رەسىملىك مەجمۇئەسى, ياشلار ئۈچۈن بىلىم،....... ناملىرىدا
باش سەھىپىلەر, ماقالىلار ۋە ئايرىم كىتابلار چىقاردى. شۇ ۋاقىتلاردا
”تەڭرىتاغ“ ژۇرنىلى خەلقنى ئازاتلىققا چاقىرىدىغان, مىللىي كۈرەشنى
مەدھىيىلەيدىغان جەڭگىۋار بىر ژۇرنال ئىدى.
1947
ـ يىلى نەنجىڭ مەركىزى ئۇنىۋېرستىتى پروفېسسورلار ھەيئىتىنىڭ تەستىقلىشى
بىلەن ھاجى ياقۇبقا دوتسىنتلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن
ھاجى ياقۇب خىتايدا تۇنجى قېتىم ئىلمىي ئۇنۋان ئالغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن
بىرى بولغان ئىدى. 1948 ـ يىلى گومىنداڭ پارلامىنتىغا شەرقىي تۈركىستاندىن
پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى ۋە پالارمىنت دائىمىي كومتېتىنىڭ ھەيئەت
ئەزاسى بولدى.
1948
ـ يىلى 10 ـ ئايدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن قاتارلىق
ئەپەندىلەر پارتىيە قۇرۇش يىغىنىغا ھاجى ياقۇبنىمۇ تەكلىپ قىلدى. ھاجى
ياقۇب شۇ مۇناسىۋەت بىلەن نەنجىڭدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى ۋە شۇنىڭدىن
كېيىن ئۇنىڭ ھاياتى يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. ئۈچ ئەپەندى بىلەن
ئۇزۇن يىللارغىچە مىللەت, ۋەتەن ئۈچۈن ھارماي ـ تالماي كۈرەش قىلدى. خىتاي
كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن, ھاجى ياقۇب 26
يىللىق ھاياتىنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تۇرمىسىدا قىيىن ـ قىستاق ۋە ئازاب
ئىچىدە ئۆتكۈزدى. ھاجى ياقۇب ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقى، ئۇيغۇر
مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن چەككەن جاپا ـ مۇشەققەتلىرىگە ھېچقاچان
پۇشايمان قىلمىدى.
1976
ـ يىلى ھاجى ياقۇب 26 يىللىق تۇرمە ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن,
تۇرمىدىن قويۇپ بېرىلدى ۋە 1979 ـ يىلى قۇتادغۇ بېلىكنى ھازىرقى زامان
ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ھەيئىتىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ
خىزمەتلەر تاماملانغاندىن كېيىن, شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تىل پاكولتىتىغا
ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئورۇنلاشتى ۋە شۇ يەردىن پىنسىيىگە چىقتى.
ھاجى
ياقۇبنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ تۇرغان مەزگىللىرىدە
سۆزلىگەن توغرا سۆزلىرى، ئىلمىي قاراشلىرى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ
ئۆچمەنلىكىنى قوزغۇدى. نۇرغۇن قېتىملاپ سوراق قىلىندى ۋە تەقىپ ئاستىغا
ئېلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمۈر بويى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازاتلىقى ۋە ئەركىنلىكى
ئۈچۈن ھارماي ـ تالماي كۈرەش قىلغان ۋە بارلىقىنى شۇ يولغا ئاتىغان بۇ
پىشىقەدەم ئىنقىلابچى ئانا يۇرتى, ئائىلىسى, 11 پەرزەنتى, 35 نەۋرىسى, 17
چەۋرىسى ۋە دوس ـ بۇرادەرلىرىدىن ئايرىلىپ, ھەرخىل توسالغۇلارنى يىڭىپ, مىڭ
بىر مۇشەققەتتە كىندىك قىنى تۆكۇلگەن تۈركىيەگە يىتىپ كەلدى.
مەرھۇم ھاجى ياقۇب ئەپەندى تۈركىيەدىكى ھاياتىنى شۇنداق بايان قىلىدۇ:
ئاللاھقا كۆپ شۈكۈرلەر بولسۇنكى, ياشانغان ۋاقتىمدا تۈركىيەدە ئەركىن پىكىر
قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ, راھەت ۋە خاتىرجەم ھايات كەچۈرىۋاتىمەن. پات ـ
پات ئىلگىرىكى مەنىلىك ئۆتكەن كۈنلىرىمنى, قەدىناس دوسلىرىمنى ئەسلەپ,
روھىي جەھەتتە ئازابلانغىنىمدىن باشقا, ھېچقانداق كۆڭۈلسىزلىك ھېس
قالمايمەن. ياشىنىپ قالغىنىمغا قارىماي يەنىلا ۋەتىنىم ۋە مىللىتىم ئۈچۈن
ھەرىكەت قىلىۋاتىمەن. ئاللاھ ماڭا تەقدىر قىلغان ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرقى
دەقىقىلىرىغىچە خەلقىمنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى بىرمىنۇتمۇ
توختاتمايمەن.
ئۇيغۇر ئوغلى بولغانلىغىمدىن مەڭگۈ پەخىرلىنىمەن, دەيدۇ.
ھاجى
ياقۇب ئالەمدىن ئۆتتى , ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئېيتقىنىدەك, ھاياتىنىڭ ئاخىرقى
دەقىقىلىرىغىچە قەلىمىنى قولىدىن چۈشۈرمىدى. دېمەك, ھاجى ياقۇبنىڭ ۋاپاتى
ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش بولدى.
چۈنكى ھاجى ياقۇب تۈركىيەگە ئاياق باسقان كۈنىدىن باشلاپلا قولىغا قەلەم
ئېلىپ تۈركىيەدىكى قىسقىغىنا 5 , 6 يىللىق ھاياتى ئىچىدە ئۇيغۇرچە ۋە
تۈركچە تىللاردا ئونلارچە ئىلمىي ۋە تارىخىي ماقالە يېزىپ, بىر تەرەپتىن
ئۇيغۇر تارىخىنى ئۇيغۇر قەلىمى بىلەن تۈركىيە خەلقىگە تونۇشتۇرسا, يەنە بىر
تەرەپتىن خىتايلارنىڭ شەرقىي تۇركىستان ھەققىدىكى ساختا , ئويدۇرما
تارىخلىرىغا پەقەت ھاجى ياقۇبلا توغرا ۋە ئىلمىي جاۋاب بىرەلىگەن ئىدى.
ھاجى ياقۇب ئەپەندىنىڭ يازغان ماقالىلىرى ”كۆك بايراق“ , ” شەرقىي
تۈركىستان“ , ” ئۇلۇسال“ قاتارلىق تۈركچە ژۇرناللاردا, ئۇيغۇرچە ” شەرقىي
تۈركىستان ياشلىرى“ , ”بىرلىك“ ژۇرنىلى , ”ئستىقلال“ گېزىتى قاتارلىق
ھەرقايسى گېزىت ـ ژۇرناللاردا توختىماي بېسىلىپ تۇردى.
ھاجى
ياقۇب 2001 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى، مەرھۇمغا
ئاللاھتىن كاتتا مەغپىرەت ۋە رەھمەت تىلەيمىز, ئاللاھ ياتقان يىرىنى
جەننەتتە قىلغاي! ئامىن.
|