|
خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە ۋەزىرى
—
مۇھەممەد
قاسىم داموللام
(دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن)
ئابدۇلجېلىل تۇران
يېتىلگەن ئالىم، تالانتلىق شائىر مۇھەممەد قاسىم داموللام (تەخەللۇسى
ھەسرەتى) مۇھەممەد سىددىق ئىبنى ئەمىن قارى ئەلەم ئاخۇنۇم قاراقاشىنىڭ
ئوغلى بولۇپ، بوۋىسى ئەمىن قارى ئەلەم ئاخۇنۇم ئەينى زاماندىكى خوتەننىڭ
داڭلىق ئۆلىمالىرىدىن بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ قولىدا يۈزلىگەن تالىپلار ئوقۇپ
يېتىشىپ چىققان ئىدى.
مۇھەممەد قاسىم داموللام خوتەننىڭ قاراقاش دەرياسى بويىغا جايلاشقان
جاغلىغا كەنتىدە 1907 ـ يىلى (ھىجرى 1325 ـ يىلى) دۇنياغا كەلگەن. ئالدى
بىلەن چوڭ ئانىسى نەبىرە خېنىمنىڭ تەربىيىسىدە بولۇپ، كېيىن يەتتە يېشىدا
قاراقاشقا قايتۇرۇپ كېلىنىپ دىنى مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىلگەن، بۇ جەرياندا
مۇتىسەۋۋىپ ئەلى مەردان ھەزرەت دېگەن كىشىنىڭ تەسىرى بىلەن تەسەۋۋۇپ
ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە مەلۇم دەرىجىدە ئۇچرىغان.
1925
ـ يىلى تاغىسىنىڭ قىزى رۇقىيە خېنىمغا ئۆيلەنگەن. بىراق بىر يىلدىن كېيىن
شائىرنىڭ قەلب سىردىشى ۋاپان بولۇپ كەتكەن. ۋاپادار ھەمراھىدىن تۇيۇقسىز
ئايرىلىپ قېلىشتەك ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان شائىر يۇرتىنى تاشلاپ قەشقەرگە
چىقىپ كەتكەن.
شائىر قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، كونا شەھەردىكى چاھارسۇ مەدرىسىسىگە
ئورۇنلىشىپ، شۇ دەۋرنىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرىدىن مەھمۇد ئاخۇن داموللام،
ھاشىم ئاخۇن داموللام، شەمسىددىن داموللاملارنىڭ قولىدا ئۇقۇپ دىنى ئىلىم
ئۆگەنگەن. قەشقەردىكى مەدرىسىدە ئابدۇلغەنى ئاخۇن داموللام، ئەمىر نۇر
ئەھمەد خان بىلەن ساۋاقداش بولۇپ، بىللە ئوقۇغان. شائىرنىڭ شېئىرى
ئىجادىيىتى مۇشۇ جەرياندا باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭغا نۇر ئەھمەد خاننىڭ
تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، شېئىر ئىلمىنى نۇر ئەھمەد خاندىن ئۆگەنگەنلىكىنى
شائىر مۇنداق يازغان:
ماڭا
رەھبەر ئىدى ھەر ئىشتا ئول يار،
ئانىڭدىن ھاسىل ئەتتىم ئىلمى ئەشئار.
شائىر قەشقەردە ئوقۇۋاتقان يىللىرى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق
ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىللىرىدىن مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا
(ئەينى زاماندا مۇھەممەد ئەمىن داموللام، مۇھەممەد ئەمىن ھەزرىتىم دەپ
ئاتىلاتتى) 1922 ـ يىللىرى مەدرىسە تەھسىلىنى پۈتتۈرۈپ، قاراقاش ئويباغ
مەدرىسىسگە مۇدەررىس بولغاندىن كېيىن، بىرتەرەپتىن تالىبلارنى تەربىيىلەپ
يېتىشتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزخەلقىنىڭ تەقدىرىدىن قايغۇرۇپ، ۋەتەننى
قۇتقۇزۇپ، خەلقنى ئازات قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدەيدۇ. بۇ مەقسەتكە يېتىش
ئۈچۈن، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ
چىقىدۇ ۋە ئوخشاش پىكىردىكى كىشىلەر بىلەن تونۇشىدۇ، پىكىرئالماشتۇرىدۇ ۋە
مەسلىھەتلىشىدۇ. بولۇپمۇ غۇلجىدا ئاتاقلىق دىنى ئالىم ۋە سىياسىي ئەرباب
سابىت داموللام بىلەن تونۇشۇپ، بۇ كىشى بىلەن مەلۇم مەسىلىلەردە بىر
قارارغا كېلىدۇ. نەتىجىدە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خوتەنگە، سابىت داموللام
چەتئەلگە يولغا چىقىدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خوتەنگە يېتىپ كېلىپلا تەشكىلات قۇرۇش ئىشىغا
كىرىشىدۇ ۋە مەلۇم ھازىرلىقلارنى پۈتتۈرىدۇ. خوتەننىڭ شۇ چاغدىكى ئېغىر
ۋەزىيىتىنى، خەلق ئاممىسىنىڭ روھى ھالىتىنى ۋە قوراللىق ئىنقىلابنىڭ
يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى توغرا ھېس قىلغانلار زىيالىيلار قاتلىمىدىكى
ئۆلىمالار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، 1932 ـ يىلى 9 ـ ئايدىن باشلاب مۇھەممەد
ئەمىن داموللام (بۇغرا) تەشكىلات قۇرۇش ئىشىنى باشلىۋېتىدۇ، بۇ ئارىدا
سابىت داموللاممۇ كېلىشىم بويىچە چەت ئەلدىن ئۇدۇل خوتەنگە كېلىپ مۇھەممەد
ئەمىن بۇغرا بىلەن ئۇچرىشىدۇ. پۇختا تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن 1933 ـ
يىلى 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تەشكىلات ئەزالىرى ۋەكىللەر مەجلىسى ئېچىپ،
مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمنى ھۆكۈمدار سايلاپ ھەممە ئۇنىڭغا بەيئەت
قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باش قوماندان بولۇپ، پۈتۈن ھەربىي ئىشلارنى
باشقۇرۇشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئەسكىرى كۈچلەرنى تەشكىللەش، ئۇرۇش پىلانىنى
تۈزۈش، قوراللاندۇرۇش، ئۇرۇش ئوپراتسىيىسىنى تۈزۈش قاتارلىق ئىشلارنى ئىجرا
قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. سابىت داموللام بولسا باش مەسلىھەتچى، دىنىي ئىشلار
پىشىۋاسى يەنى شەيخۇلئىسلام ۋە مائارىپ، ئەدلىيە، ۋەز ـ تەشۋىقات ئىشلىرىغا
مەسئۇل بولىدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن داموللام ھازىرقى ۋەزىيەت ھەققىدە سۆز قىلىپ: يۇرت ئىچىدە
زۇلۇم، ئىزىشلەر ھەددىدىن ئاشقانلىقىنى، خەلقنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ
كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، چىرىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەھشىلىشىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن
قوزغىلاڭنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇجاھىدلارنى
ئىشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ.
يىغىن قاتناشقۇچىلىرى قۇرئان تۇتۇپ قەسەم ئىچىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەجلىس
ئاخىرلىشىدۇ ۋە خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسى تىكلىنىدۇ.
تەشكىلات قۇرۇلۇپ، ھەممە ھازىرلىقلار پۈتكەندىن كېيىن، 1933 ـ يىلى 2 ـ
ئاينىڭ 13 ـ كۈنى مۇھەممەد ئەمىن داموللام باشچىلىقىدا 68 كىشى قاراقاش
دوتەي يامۇلغا ھۇجۇم قىلىپ شۇ كۈنى قاراقاشنى پەتھى قىلىدۇ. ئارقا ـ
ئارقىدىن باشقا ناھىيىلەر پەتھى بولۇپ، نىيىدىن يەكەنگە قەدەر خوتەن
ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولىدۇ. بۈ ھۆكۈمەت تارىختا «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» دەپ
ياد قىلنىدۇ.
مۇھەممەد قاسىم داموللام قاراقاشتا جىھاد ھەرىكىتى باشلانغانلىقىنى ئاڭلاپ،
ئوقۇشنى توختىتىپ دەرھال قاراقاشقا يېتىپ كېلىپ، مۇھەممەد ئەمىن ھەزرىتىم،
سابىت داموللام، سبغەتۇللاھ مەۋلىۋى، 1939 ـ يىلى مەدىنىدە ۋاپات بولغان
مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم(مىلىك ھەزرىتىم)، شاھ مەنسۇر، ئەمىر ساھىب
(نۇر ئەھمەد خان)لارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ، ئاكتىپ ھالدا جىھادقا ئىشتىراك
قىلىدۇ ۋە خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە ۋەزىرى بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن
كىرىم ـ چىقىم ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ. بۇ ھۆكۈمەت 1934 ـ يىلى تۇڭگانلار
تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلۇپ، شۇ يىلى 7 ـ ئايدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا
ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغانغا قەدەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن داموللام پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئازات قىلىپ، ئۇيغۇر
خەلقىنى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ، ئەبەدىي بەخت ـ سائادەتكە، ئازاتلىق،
ئەركىنلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قولىغا قۇرال ئېلىپ، دۈشمەنگە قارشى جىھاد
ھەرىكىتىنى باشلاپ، دەسلەپكى قەدەمدە خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ،
قۇمۇل، تۇرپان، قەشقەر ۋە باشقا جايلاردىكى مىللىي ئىنقىلابچىلار بىلەن
بىرلىشىپ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئازات قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى
مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشتۇرۇشنىڭ قەدىمىنى باستى.
موھەممەد ئەمىن داموللام بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن،
مۇناپىق تۈڭگانلار بىلەن ئاخىرغىچە ئېلىشتى، 1934 ـ يىلى 4 ـ ئايدا يېڭى
ساردا تۇڭگانلار بىلەن بولغان جەڭدە ئىككى ئىنىسى — ئەمىر ئابدۇللاھ ۋە
ئەمىر نۇر ئەھمەدلەردىن ئايرىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا خوتەن ھۆكۈمىتى قۇمۇل مىللىي ئىنقىلابى رەھبىرى خوجا نىياز
ھاجىمغا ئەسكىرى ۋە ماددىي ياردەم قىلىشنى، قەشقەر يېڭى شەھەردىكى ماجەنسا
باشچىلىقىدىكى تۇڭگانلارنى يوقىتىش ئۈچۈن قەشقەر ھۆكۈمىتىگە ياردەم قىلىشنى
ئۆز ئۈستىگە يۈكلەنگەن مىللىي ۋەزىپە، دەپ بىلىپ، ئىنقىلاب رەھبەرلىرى
بىلەن بىرلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننى تۇلۇق ئازات قىلىپ، ئاندىن مۇستەقىل
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى تەشەببۈس قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، 1933 ـ
يىلى 10 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى خوتەن ھۆكۈمىتى خوجا نىياز ھاجىمغا بىر ھەيئەت
ئەۋەتىپ، ئۇنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ رەئىسى دەپ تونىغانلىقىنى رەسمى
بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم بېرىش ئۈچۈن مەزكۇر ھەيئەت
قولىدىن 200 سەر ئالتۇن (يەتتە كىلو ئىككى يۇز گرام ساپ ئالتۇن)
ئەۋەتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا خوتەن ھۆكۈمىتى چەت دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشنى
تەشەببۈس قىلىپ، بۇ ھەقتە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان
مەسىلىسىگە تۇتقان بىيتەرەپ تۇرۇش سىياسىتىنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىن،
قۇربانىللا داموللام ۋە مىيان ھەسەنخانلارنى خوتەن ھۆكۈمىتى نامىدىن غەيرى
رەسمى ھەيئەت سۈپىتىدە ئافغانىستانغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن. ئۇلار
ئافغانىستانغا بېرىپ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا
مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ، ئۇلار بىرەر جاۋاب ئېلىپ قايتقۇچە خوتەن ھۆكۈمىتى
يىقىلىپ، ئارقىدىن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرامۇ ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر
بولغان.
شائىر مۇھەممەد قاسىم داموللاممۇ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن ۋەتەندىن
ئايرىلىپ كەشمىرگە كېلىدۇ، شۇ كۈندىن باشلاپ شائىرنىڭ سەرگەردانلىق ھاياتى
باشلىنىدۇ. كەشمىرگە كەلگەندىن كېيىن، 1939 ـ يىلى «تۈركىستان مۇھاجىرلار
جەمئىيىتى» قۇرۇپ، ئۇنىڭ رەئىسلىكىگە مۇھەممەد قاسىم داموللام سايلىنىپ،
پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ ئىشىغا مەسئۇل بولۇپ، كېچە ـ
كۈندۈز خەلقنىڭ خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، بۇ جەمئىيەت شەرقىي
تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ ئىشىنى تەشكىللىك ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشتا
مۇھىم رول ئوينايدۇ. مۇھەممەد قاسىم داموللام جەمئىيەتتىكى ۋەزىپىسىنى ئادا
ئەيلگەننىڭ سىرتىدا ئەتىگەن ئاخشاملىرى جامائەتكە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس
شەرىپلەردىن ۋەز ـ تەبلىغ، ئەمر مەرۇپ قىلىپ بېرىدۇ ھەمدە 1942 ـ يىلى
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا نەنجىڭغا كەتكەنگە قەدەر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن
بىرگە ھەرىكەت قىلىدۇ. 1949 ـ يىلى قىزىل خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسى شەرقىي
كۈركىستانغا بېسىپ كېلىش ئالدىدا ئىككنىچى قېتىم ۋەتەندىن ئايرىلىشقا
مەجبۇر بولغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئىيسا يۇسۇف ئالىتېكىن قاتارلىق
يۈزلىگەن كىشىلەرنى كەشمىردە كۈتىۋالىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق
كىشىلەر ئىككىنچى قېتىم كەشمىرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇھەممەد قاسىم
داموللام مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىم بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كېچە ـ
كۈندۈز ۋەتەن داۋاسى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.
1950
ـ يىلى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج قىلىپ،
ئۇ يەردىن مىسىرغا بېرىپ زىيارەتتە بولۇپ، يەنە كەشمىرگە قايتىپ كېلىدۇ.
شائىر بۇ مەزگىلدە ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە بولغان ساپ مۈھەببىتى، خالىس ئېتىقادىنى
كۆيلەپ كۆپلىگەن شېئىر ـ قەسىدىلەرنى يېزىپ «نىجات يولى» دىگەن كىتابنى
تۈزۈپ چىققان ۋە مەرھۈم مۈھەممەد ئەمىن بۈغرانىڭ «شەرقىي تۇركىستان
تارىخىنىڭ كېيىنكى قىسمى — شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلاپ تارىخى»نى
نەشر قىلدۇرىدۇ.
1968
ـ يىلى سەئۇدى ئەرەبىستابغا بېرىپ، ئىككى يىلغا يېقىن تۇرۇپ، ھەج قىلىپ
يەنە كەشمىرگە قايتىپ كەلگەن. كەشمىردە توققۇز يىل تۇرغاندىن كېيىن، سەئۇدى
ئەرەبىستان ئارقىلىق تۇركىيىگە كېلىپ، ئىيسا يۇسۇف ئالىپتېكىن ئەپەندى
بىلەن ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان نەشرىيات مەركىزىدە ۋەتەن داۋاسى
بىلەن مەشغۇل بولغان. 1982 ـ يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ ئورۇنلاشقان.
مۇھەممەد قاسىم داموللام سەرگەردانلىق ھاياتىدا يازغان شېئىر، قەسىدىلىرىنى
توپلاپ «نىجات يولى» دېگەن ئىسىم بىلەن بىرىنچى قېتىم 1951 ـ يىلى
كەشمىردە، ئىككىنچى قېتىم 1981 ـ يىلى ئىستانبۇلدا ئۆز خىراجىتى بىلەن
باستۇرۇپ تارقاتقان. بۇ كىتاب 2000 ـ يىلى ئىستانبۇلدا يېڭى قىياپەت بىلەن
قايتا نەشىر قىلىنغان. مۇھەممەد قاسىم داموللامنىڭ 1940 ـ يىللىرى كەشمىردە
يازغان «پەرزۇلئەين» ناملىق ناماز مەسىلىلىرىگە بېغىشلاپ يېزىلغان كىچىك
ھەجمىلىك كىتابى كەشمىر، شاڭخەي، سەئۇدى ئەرەبىستانلاردا قايتا ـ قايتا
نەشىر قىلىنغان ۋە خوتەندە ئۇزۇن يىل دىنىي ئوقۇشلۇق كىتابى بولۇپ كەلگەن.
مۇھەممەد قاسىم داموللام ئەرەب، فارس، ئۇردۇ تىللىرىنى پىششىق بىلسىمۇ
كىتابلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا يازغان.
مۇھەممەد قاسىم داموللام ۋەتەندىن ئايرىلىپ ئۇزۇن يىل سەرگەردانلىقتا
ئۆتكەن، ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان كىشى بولۇپ، ئاسارەتتىكى
ئىنسانلارنىڭ ھەرقانچە راھەت ـ پاراغەتتە ياشىغىنىدىن، ھەتتاكى قارۇندەك
باي بولۇپ كەتكىنىدىنمۇ، ۋەتەنسىز مىللەتنىڭ بالدۇرياق ئۆلۈپ، يەر ئاستىغا
كىرىپ كەتكىنىنىڭ تېخىمۇ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى، ئۆزى ئاسارەتتە بولسىمۇ بارغا
قانائەت قىلىپ، شۈكرىۋازلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ خېنىم مىجەز كىشىلەر
ئىكەنكىنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ:
ئۆلۈم ياخشى ئاسارەت ئاستىدا ئىززەتتە بولغاندىن،
ۋەيا
باغۇ چىمەنلەر ئىچرە كۆپ راھەتتە بولغاندىن،
ۋەيا
مەھبۇبىلەر قۇچاقىدا ئىشرەتتە بولغاندىن،
ۋەيا
قارۇن كەبى دۇنيا تېپىپ سەرۋەتتە بولغاندىن،
مۇخەننەسلەرگە كاپى گەر بولسا ئاش ئىلە نانلار.
ئاتاقىلق دىنىي ئالىم، جامائەت ئەربابى ۋە مىللىي مۇجاھىد مۇھەممەد قاسىم
داموللام ھىجرى 1405 ـ يىلى رامىزان ئېيىنىڭ 8 ـ كۈنى، مىلادى 1985 ـ يىلى
5 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تائىپ شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتۈپ،
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. |