English

Türkçe

 

عربي

ئۇيغۇرچە

 

خوتەندىن خەت

 

(ئەدەبىي ئاخبارات)

 

نۇر مۇھەممەد توختى

 

1. كونا ئىشتىن يېڭى ئۇچۇر

 

1994 – يىل 19 – ئىيۇل قاراقاش ناھىيىسىنىڭ سايباغ يېزا x كەنتىدە چاچ – ساقاللىرىغا قىراۋ چۈشكەن، يېشى 60 لارغا ئۇلاشقان بىر مويسىپىت دېھقان بىلەن پىلە - ئۈجمىچىلىك ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالدىم. دېھقان بېشىنى  مەيۇسانە چايقاپ «نېمىسىنى دەيلا غۇجام، پىلە قۇرتى بىر زۇلۇم بولدى، زۇلۇم» دېدى. مەن ھەيران بولدۇم، ئىككى يېنىمغا ئالاقزادىلىك بىلەن قاراپ قويدۇم. خۇداغا شۈكۈر، ئەتراپىمىزدا ھېچكىم يوق ئىكەن. «زۇلۇم» دېگەن ئاشۇ نامۇۋاپىق سۆزنى باشقىلار ئاڭلاپ قالماپتۇ.

كىشىلەر ئېھتىمال «ئىرقىي زۇلۇم» «سىنىپىي زۇلۇم» «مىللىي زۇلۇم» «باي -  پومىشچىكلارنىڭ زۇلۇمى» دېگەندەك سۆزلەرنى گېزىت- زورناللاردىن، كىتاپ، دەرسلىكلەردىن ئوقۇغاندۇ. لېكىن «پىلە قۇرتى زۇلۇمى» «پىلە زۇلۇمى» دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. «مىللىي زۇلۇم»، «سىنىپىي زۇلۇم» يوق قىلىنغان جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، «زۇلۇم» سۆزىنىڭ قايتا ئوتتۇرىغا چىقىشى قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەسمۇ؟ «ئوكيانۇس»قا قاراپ باقسام «زۇلۇم» دېگەن ئاتالغۇغا «ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلىش» ۋە «ئىزىش» دەپ چۈشەنچە بېرىلىپتۇ. ھېلىقى دېھقان زادى نېمە دېمەكچى؟ ئۇ پىلە- ئۈجمىچىلىك زۇلۇمغا ئايلاندى، پىلە قۇرتى بېقىش زۇلۇم بولدى، پىلە بېقىشقا مەجبۇرلىغانلار زۇلۇم سالدى، پىلىچىلىك جاپا - مۇشەققەت ئېلىپ كەلدى، دەرت- ئەلەم ئېلىپ كەلدى، دېمەكچى. كىملەردۇر بىزنى ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلدى، بىزنى ئەزدى، دېمەكچى.

ئۇنىڭ «پىلە قۇرتى زۇلۇم بولدى، زۇلۇم» دېگەن سۆزى نامۇۋاپىق ئېيتىلغان سۆز. خوتەننىڭ ئىنسانىيەتكە پىلىنى، پىلە - يىپەكچىلىك مەدەنىيىتىنى تەقدىم قىلغانلىق تارىخىي تۆھپىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پۈتۈنلەي خاتا ئېيتىلغان سۆز...

ھېلىقى دېھقان ئالجىپ قالغانمىدۇ؟ ياق. ئالدىنقى 30 يىللىق سىياسىي بوران - چاپقۇنلار، ئۇچۇقداشلار، كۈرەش، پىپەن قىلىشلار، قالپاق كىيدۈرۈشلەر، يۈزىگە قارا سۇۋاپ سازايى قىلىشلاردىن يۈرەك يارىسى بولۇپ، قورقۇنچاقلىشىپ كەتكەن خوتەنلىكلەر بىردىن «زۇلۇم» ئۈستىدىن شىكايەت قىلغۇدەك دەرىجىدە باتۇرلىشىپ كەتكەنمىدۇ؟ ياق.

       ئەمىسە بۇ دېھقانغا زادى نېمە بولدى؟

بىر ئېغىز سۆز بىلان ئېيتقاندا، بىچارىگە دەرت بولدى. بۇ يەردە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز پىغانلىق ھېكايە، بىر يىغلاپلا خالاس بولغىلى بولمايدىغان دەرت - ئەلەم بار. ھاقارەت، تاياق، ھەيۋە - دوق، بېسىم، جەرىمانە بار.

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە مەمۇرىي مەھكىمە خوتەننى تېزرەك ھاللىق سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، خوتەننى شىنجاڭغا، پۈتۈن مەملىكەتكە، دۇنياغا تونۇتۇش؛ شىنجاڭنى، پۈتۈن مەملىكەتنى، دۇنيانى خوتەنگە جەلپ قىلىش يولىدا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. خوتەننى شىنجاڭغا، پۈتۈن مەملىكەتكە، دۇنياغا تونۇتۇش كېرەك. خوتەن پۈتۈن دۇنياغا تونۇتقۇدەك گۈزەل ۋە ئېسىل يۇرت. قەدىمكى شاھىنشاھلاردىن بىرىنىڭ ئەتىۋار قىزىنى ماكانلاشتۇرۇش ئۈچۈن «توت ئاپەت»تىن (يىلان - چايانلاردىن، يەر تەۋرەشتىن، سۇ ئاپىتىدىن، قاتتىق ئىسسىق ۋە قاتتىق سوغۇقتىن)خالىي ماكان ئىزدەپ، ئاخىرى خوتەننى تاپقانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە، شۇنداقلا ھەزرىتى ناۋايى قاتارلىق شەرق كلاسسىكلىرىنىڭ خوتەن ھەققىدىكى گۈزەل تەسۋىرلىرى بۇنىڭ دەلىلى. بۇ يەرنىڭ ئىلىنىڭكىدەك كۆپ ۋە ئېسىل ئالمىزارلىقلىرى، تۇرپاننىڭكىدەك ئۈزۈمزارلىقلىرى، ئاتۇشنىڭكىدەك ئەنجۈرلىكلىرى، قەشقەرنىڭكىدەك ئانارلىق باغلىرى، ئاقسۇنىڭكىدەك پايانسىز شالزارلىقلىرى، ئالتاينىڭ يايالاقلىرىدەك كەڭ ۋە پايانسىز يايلاقلىرى بار. نەشپۈتى كورلىنىڭكىدەك، ئۈرۈكى كۇچارنىڭكىدەك، قوغۇن - تاۋۇزى قۇمۇل ۋە پەيزىۋاتنىڭكىدەك شىرىن ۋە ئېسىل. شاپتۇلى، بولۇپمۇ كۆك شاپتۇلى سېلىشتۇرغىلى تەڭدىشى يوق. خوتەننى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇش كېرەك. خوتەننىڭ ئېسىل كىلىماتىنى، گۈزەل مۇھىتىنى، ياخشى شارائىتىنى، شىرىن نېمەتلىرىنى تونۇتۇپلا قالماي خوتەنلىكلەرنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى، ئىستەك- ئىنتىلىشلىرىنى، كۈلكە شادلىقلىرىنى، دەرت- ئەلەملىرىنى، تونۇتۇش كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە خوتەنلىكلەرنىڭ خوشاللىق -شادلىقلىرىغا ھېچكىمنىڭ شادلىقى يېتىشەلمەيدۇ. بۈگۈنكى خوتەنلىكلەرنىڭ دەرد -ئەلەملىرىگىمۇ ھېچكىمنىڭ دەرد - ئەلەملىرى يېتىشەلمەيدۇ.

گەرچە بۇ ئومۇمىي سىمپونىيە ئىچىدىكى كىچىككىنە بىر قىستۇرما بولسىمۇ، ھېلىقى دېھقاننىڭ«پىلە قۇرۇتى زۇلۇم بولدى...» دېگەن ئاشۇ سۆزىگە خوتەنلىكلەرنىڭ دەرد - ئەلىمى مۇجەسسەملەخگەن. بۇ يەردە ھەقىقەتەنمۇ ئۈرۈمچىلىكلەر ۋە ئىلىلىقلار بىلمەيدىغان، تەسەۋۋۇر قىللالمايدىغان، پۈتۈن شىنجاڭلىقلار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قېرىنداخلار، دۇنيا خەلقى بىلمايدىغان ۋە تەسسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ئاجايىپ ئىشلار بار. تاياق، ھەيۋە - دوق، بېسىم، جەرىمانە بار...

ئاشۇ زۇلۇم سۆزىنى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇپ ئادالەت تىكلىنىپ، يەنە 45 يىلدىن كېين ئېغىزغا ئالغان دېھقان زادى كىم؟ ئىسمى نېمە؟ مەن بۇنى ئېيتىپ بېرەلمەيمەن، نېمە ئۈچۈن؟

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى: بۇ يىل يازلىق ئاشلىق سىتىۋېلىشتىن كېين، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىx  قاراقاش ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىغا خىزمەت تەكشۈرۈشكە بېرىپتۇ. يېزا رەھبەرلىرىنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ ئۇدا ئاشقانلىقى، دۆلەتكە ئاشلىق سېتىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى پالان پىرسەنت ئاشۇرۇپ ئورۇندىغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپتۇ. ئارقىدىن تۈۋەنگە چۈشۈپ مەلۇم دېھقاننىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىپتۇ. دېھقاننىڭ تۇرمۇش ئاھۋالىنى، ئىشلەپچقىرىشىنى، كىرىم - چىقىمىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. دۆلەتكە قانچىلىك ئاشلىق بەرگەنلىكىنى، ئاشقان ئاشلىقنىڭ يېتىدىغان - يەتمەيدىغانلىقىنى، نەچچىنچى ئايغىچە يېتىدىغانلىقىنى، قىيىنچىلىق تارتىدىغان - تارتمايدىغانلىقىنى سوراپتۇ. شۇ ئارقىلىق پارتىيىنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپتۇ، بەلكىم شۇ چاغدا ئۆي ئىگىسى تەڭقىسلىقتا قالغان بولۇشى مۇمكىن. مەيداندا تۇرغان يېزا رەھبەرلىرىگە كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا يەر تىگىدىن بىر قانچە قېتىم قارىغان بولىشى مۇمكىن. ۋەھالەنكى، يوقسۇزلۇقتىن قاتتىق نەرسە يوق، مولدۈرلەپ تۇرغان يالىڭاچ بالىلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئاچ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئويلىغان دېھقان ئاخىر راست گەپنى دەپتۇ. يېزا رەھبەرلىرىنىڭ كۆزىچىلا، دۆلەتكە سېتىشتىن كېين ئاشقان ئاشلىقنىڭ ئاران 11- ئايغىچە يېتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپتۇ. دېھقاننىڭ ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسىغا راست گەپ قىلغانلىقى توغرا، ئۇ دەردىنى، قىيىنچىلىقىنى پارتىيىنىڭ ۋەكىلىگە ئېيتماي، كىمگە ئېيتسا بولاتتى؟ بەلكىم دېھقان شۇ چاغدا ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ چىرايىغا ئۈمىد ۋە ئىلتىجا بىلەن باققاندۇ، قارا كۆزلىرىگە ياش ئالغاندۇ. بەلكىم ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسىمۇ دېھقاننىڭ «ئاشلىقىم ئاران 11- ئايغىچە يېتەر» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، نېمىنىدۇر ئويلاپ جىمىپ قالغاندۇ. يېزا رەھبەرلىرىگە مەنىلىك ھالدا تىكىلىپ قارىغاندۇ. زىيارەت ئاخىرىدا ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسى دېھقانغا تەسسەللى بېرىپ، ئاچ قېلىشتىن ئەنسىرىمەسلىكنى ئېيتىپتۇ. پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى ئاچ قويمايدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىپ قايتىپتۇ.

ئەگەر ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ بىر قېتىملىق يېزىغا چۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى خاتىرە مۇشۇ يەردىلا تۈگىگەن بولسا، بۇ پارتىيىمىز كادىرلىرىنىڭ بيۇكراتلىقتىن خالىيلىقى، ئاممىنى يوقلاپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدىغانلىقى، پارتىيىنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قاياشى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىغا ئايلانغان بولاتتى. ئەپسۇسكى، بۇ خاتىرىمۇ شۇ يەردىلا تۈگىمەي قالدى. ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسى قايتىپ كەتكەندىن كېين _ توغرىسىنى ئېيتقاندا ئۇ پاقلان كاۋىپى، توخۇ كاۋىپى، ئۇلار كاۋىپى، كەپتەر كاۋىپى، قۇشقاچ كاۋىپى ۋە كەپتەر تۇخۇمى، قۇشقاچ تۇخۇمى، غاز تۇخۇمى بىلەن تەييارلانغان داستىخانغا قىيا كۆزىنىمۇ سالماي قايتىپ كەتكەندىن كېين _ ھېلىقى دېھقاننىڭ ئۆيىدە قىيامەت قايىم بولدى. بۇ قىيامەتنى ھېلىلا يۈزلىرىدىن خوشامەت كۈلكىسى بالقىپ تۇرغان ئاشۇ يېزا رەھبەرلىرى قايىم قىلدى. يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى بىلەن يېزا باشلىقى قايىم قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن بىر مەھەللىدە، بىر يولدا مېڭىپ، بىر ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتىپ چوڭ بولغان يۇرتدىشى ئالدىدا ئەزرائىلغا ئايلاندى. چىرايىدىن قار- مۇز ياغدى. ئاق ئىت كىرىپ، قارا ئىت چىقتى.

_ نېمىشقا ئاشلىقىم يىل بويى يېتىدۇ دېمەيسەن؟ سەن ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسى ئالدىدا بىزنىڭ يۈزىمىزنى تۆكتىڭ. بىزنى يەرگە قاراتتىڭ، بىزنىڭ نەتىجىلىرىمىزنى يوققا چىقاردىڭ، بىزنى ئوسال قىلدىڭ!_ دەپ ۋارقىراشتى ئۇلار.

_سەن پارتىيىنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردۈڭ، پارتىيەگە قارشى  چىقتىڭ _ دەپ پوپۇزا قىلىشتى ئۇلار.

_ يېزىمىزدا سېنىڭدەك گەدەنكەش ئەزا يوق، بۇ يەردىن دەرھال يوقال، كۆچۈپ كەت، ئۈچ كۈن ئىچىدە كۆچۈپ كەت! _ دەپ جارقىراشتى ئۇلار.

_سەن ئاشلىقىم يەتمەيدۇ، ئاچ قالىمەن دېگەندىكىن تايىنلىق ئاچ قال، ئاچ قېلىپ ئۆل _ دېيىشتى ئۇلار ۋە بىچارە دېھقاننىڭ دۆلەتكە سېتىشتىن ئېشىپ قالغان ئازراق بۇغدىيىنىمۇ ئېلىپ كېتىشتى.

بىچارە دېھقاننىڭ بېشىغا كۈن چۈشتى، تاغ ئۆرۈلدى. دېھقان ئۈچۈن ئاشلىقسىز قېلىشتىن، ئەزىز يۇرتىنى تاشلاپ چەت يۇرتلارغا كۆچۈپ كېتىشتىن ئارتۇق قىيامەت بارمۇ؟ بىچارە ئاخىر بالا - چاقىلىرىنى يىتىلەپ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. مېنىڭ ھېلىقى «پىلە زۇلۇمى» توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن دېھقاننىڭ ئىسمى – شەرىپىنى ئېيتىپ بېرەلمەسلىكىمدىكى سەۋەب ئەنە شۇ. ئۇنىڭ ماڭا پىلە - ئۈژمىچىلىك ھەققىدە، پىلە قۇرتىنىڭ زۇلۇمغا ئايلانغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى يېزا باشلىقلىرى ئۇقسا، ئۇنىڭ ھويلىسىدىمۇ قىيامەت قوپارماسمۇ؟ سايباغ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى تۇرسۇنتوختى ئابدۇرەھمان بىلەن يېزا باشلىقى ئىمىننىياز ئابباسنىڭ ئاشۇ مويسىپىتقا ئاھانەت قىلماسلىقىغا، ئۇنى«زۇلۇم سۆزىنىنى تىلغا ئاپسەن»دەپ كۆچۈپ كېتىشكە زورلىماسلىقىغا ئىشەنگىلى بولامدۇ؟ مەن ئۇلارنىڭ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايمەن. يېزا باشلىقلىرى تەقدىرنامە ئېلىش ئۈچۈن، ۋىلايەت، ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يۇرتداشلارغا نېمىلەرنى قىلمايدۇ دەيسىز؟ تۇرسۇنتوختى ئابدۇرەھمان بىلەن ئىمىننىياز ئابباس ئۇنداق قىلمىغاندىمۇ يەنە باشقىلارنى ئۇنداق قىلمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن ماڭا پىلىچىلىك ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ھېلىقى دېھقاننىڭ ئىسمىنى ھېچكىمگە ئېيتىپ بېرەلمەيمەن. مېنىڭ بىچارە دېھقانغا دەرد تېپىپ بېرىش خىيالىم يوق. ۋەھالەنكى، ھېلىقى مويسىپىتنىڭ ماڭا:«نېمىسىنى دەيلا غۇجام، پىلە قۇرتى زۇلۇمبولدى زۇلۇم.» دېگەنلىكى راست، مېنىڭ ئۇزاقتىن بېرى ئاڭلىمىغان «زۇلۇم» سۆزىنى ئاڭلاپ ھەيران جالغانلىقىممۇ راست. ئۇزاقتىن بېرى ئاڭلىمىغان سۆزنى ئاڭلاش كىشىگە خىلى ئوبدانلا يېڭىلىق تۇيغۇسى بەخش ئېتىدىكەن. ئۇزاقتىن بېرى يۈز بەرمىگەن ئىشنىڭ قايتا يۈز بېرىشىمۇ كىشىنى خىلى ئوبدانلا جەلپ قىلىدىكەن. مەن ئاشۇ مويسىپىت بىلەن پىلىچىلىك ھەققىدە پاراڭلاشقاندىن كېينكى بىر قانچە ئايدا ئۇچرىشىشىم، سۆزلىشىشىم مۇمكىن بولغانلا دېھقانلارنىڭ ھەممىسىدىن پىلىچىلىك ھەققىدە سوراپ كۆردۈم. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاتايىتەن مېنى ئىزدەپ كەلدى، بىز سۆزلەشتۇق، مۇڭداشتۇق. ھەممەيلەننىڭ يەتكۈچە قورساق كۆپۈكى، دەرد - ئەلىمى بار ئىكەن. پىلە قۇرتى ئۇستىدىن، پىلىچىلىك ئۈستىدىن ئۇزۇندىن- ئۇزۇن شىكايەت قىلىشتى. ئاشۇ پاراڭلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا ھېلىقى مويسىپىتنىڭ سۆزىگە يىغىنچاقلاندى.

-نېمىسىنى دەيلا، غۇجام، پىلە قۇرتى زۇلۇم بولدى، زۇلۇم...

بىزدە دەرتلىرىڭنى سۆزلەپ چىقىرۋەتسەڭ يېنىكلەپ قالىسەن، دېگەن ئەقىدە بار. مەن بىلەن ھاڭ - مۇڭ قىلىشقان ئاشۇ بىچارىلەرنىڭ بەلكىم قورساق كۆپۈكى چىقىپ يەڭگىللەپ قالغاندۇ. ئۆزلىرىنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلغاندۇ. ئەكسىچە ئاشۇ دەرد - ئەلەملەرنى ئاڭلىغانسېرى ئەمدى مېنىڭ قورسىقىم كۆپۈپ قالدى. ئۆزۈمنى كىمدىندۇر، نېمىدىندۇر ئاغرىنغاندەك، ئاللىقانداق بىر دەرتكە گىرىپتار بولغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم. كىمگىدۇر ھاڭ – مۇڭ ئېيتقۇم كېلىپلا تۇراتتى. شۇنداق قىلىپ «خوتەندىن خەت»نى يېزىشقا كىرىشتىم.

2. خوتەن- پىلىچىلىكنىڭ بۆشۈكى

خوتەننىڭ يىپەك، گىلەم، قاشتىشىدىن ئىبارەت ئۈچ ئەڭگۈشتىرى بار، بۇ ئۈچ ئەڭگۈشتەر ئىچىدە يىپەك بىرىنچى ۋە ئەڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەر ھېساپلىنىدۇ.

مەن خوتەن پىلە- يىپەكچىلىكىنىڭ مەشھۇر يىپەك يولىنىڭ فوكۇس نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغانلىقى ھەققىدە بىرمۇنچە پاكىتلارنى يولۇقتۇرغان. بەزى ئالىملار قەدىمكى ياۋرۇپالىقلارنىڭ «سىرىس دۆلىتى»(يىپەك دۆلىتى)دېگەن سۆزىنىڭ خوتەننى نەزەردە تۇتۇپ ئېيتىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ يۈرۈپتۇ. كېينكى چاغلاردا بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرىكى دەۋىرلەرگە مەنسۇپ نىيە قەدىمكى خارابىسى ۋە باشقا خارابىلەردىن قىزىۋىلىنغان پىلە غۇزىكى، يىپەك رەختلەر ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملارمۇ خوتەننىڭ پىلىچىلىكىنىڭ بۆشۈكى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

بىردىنلا خوتەن پادىشالىغا ياتلىق قىلىنغان قايسىبىر مەلىكىنىڭ چېچىغا پىلە غۇزىكى قىستۇرۇپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى رىۋايەت ئىسىمگە كېلىپ قالدى. پىلىچىلىكتىن خەۋىرى بار ھەر قانداق بىر ئادەم پىلە قۇرتى تورىغا كىرىپ پىلە غۇزىكى ھاسىل قىلىنغاندىن كېين ئەگەر 8-10 كۈن ئىچىدە غۇزىكىنى بۇسلاپ- پىشۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى پىلە قۇرتىنى ئۆلتۈرمىگەندە قۇرتنىڭ پىلە كىپىنىكىگە ئايلىنىپ پىلە غۇزىكىنى تىشىپ چىقىدىغانلىقىنى، دەرھال تۇخۇملاشقا باشلايدىغانلىقىنى، مۇۋاپىق ساقلاش مۇھىتى بولمىسا (ساقلاش جەريانى سوغۇق ساقلاش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئادەتتە ئىسسىق ئايلاردا مۇزخانىدا ساقلىنىدۇ. سوغۇق ئايلاردا تەبىئىي ساقلىنىدۇ) پىلە غوزىكىنىڭمۇ پىلە كىپىنىكىنىڭمۇ، پىلە لىچىنكىسىنىڭمۇ نابۇت بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇنى چاچقا قىستۇرۇپ نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقتىن يۆتكەپ كەلگىلى بولارمۇ؟ نەچچە ئايلاپ ئاتلىق يۈرۈپ خوتەنگە كېلىش جەريانىدا قۇرت پىلە غۇزىكىنى تىشىپ چىقماسمۇ؟ مەلىكە چېچىغا قىستۇرۇۋالغان پىلە غۇزىكى ئىچىدىكى پىلە قۇرتى ئۆلۈك بولۇشى مۇمكىن. ئۆلۈك پىلە قۇرتى پىلە كىپىنىكىگىمۇ ئايلىنالمايدۇ. پىلە قۇرت لىچىنكىسىمۇ تۇغالمايدۇ. ئۇنىڭغا تايىنىپ ئۆزلۈكسىز ئىشلەپچىقىرىشنىمۇ داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ.

نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى خوتەنلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ھېساپسىز يىپەك ۋە يىپەك رەختلىرى بىلەن جاھانغا يىپەكتەك گۈزەللىك، يىپەكتەك ئەۋرىشىملىك، يىپەكتەك ئىللىقلىق بەخش ئەتتى. يۇرتلارنى بىر- بىرىگە چاتتى، قەلبلەرنى بىر- بىرىگە تۇتاشتۇردى.

خوتەننىڭ پىلىچىلىكى ئاستا - ئاستا تەرەققىي قىلدى. 50 - يىللاردا خوتەنلىكلەر يىلىغا 500 توننا ئەتراپىدا پىلە غۇزىكى ئىشلەپ چىقارغان بولسا، 60 - يىللاردا 1200 توننىغا يەتكۈزدى. 80 - يىللارنىڭ دەسلىپىدە ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يىللىق پىلە غوزىكى مەھسۇلاتى 650 توننا ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان بولسا، 1994 - يىلىغا كەلگەندە بىراقلا بىر قانچە ھەسسە سەكرەپ 3700 توننا پىلە غوزىكى ئىشلەپۈچىقاردى. خوتەن ۋىلايىتى ئىشلەپ چىقارغان پىلە غوزىكى مەھسۇلاتى پۈتۈن شىنجاڭ ئاپتۇنوم رايونى ئىشلەپ چىقارغان پىلە غوزىكى مەھسۇلاتىنىڭ 76% ىنى تەشكىل قىلدى. 3700 توننا _ ئۈچ مىليون 700 مىڭ كىلوگرام پىلە غوزىكى ئىشلەپچىقىرىش خوتەننىڭ پىلىچىلىك تارىخىدا ئىلگىرى زادىلا كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.

ئەپسۇسكى، پىلىچىلىك ۋە پىلىچىلىكنى كەشپ قىلغان، شۇنچىۋىلا نۇرغۇن پىلە غوزىكى ئىشلەپ چىقارغان خوتەنلىكلەر يەنىلا نامرات، ئالاھىدە نامرات! دۇنياغا قاتمۇ قات پايانداز سېلىشقا مۇمكىن بولغۇدەك نۇرغۇن زىلچە-گىلەم ئىشلەپ چىقارغان خوتەنلىكلەر يەنىلا نامرات! جاھاندىكى بارلىق قىزلارنىڭ بوينىغا قاشتىشى زۇننار ئېسىشقا يەتكۈدەك نۇرغۇن قاشتىشى ئىشلەپ چىقارغان خوتەنلىكلەر يەنىلا نامرات! «ئاشلىق مەھسۇلاتىنى، پاختا مەھسۇلاتىنى، مېۋە-چىۋە مەھسۇلاتىنى يىلمۇ يىل ئاشۇرۇپ» كېلىۋاتقان خوتەنلىكلەر يەنىلا نامرات! «خوتەن ۋىلايىتىدە ھازىرمۇ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى300 يۇەنگە يەتمەيدىغان 806 مىڭ نۇپۇس بار، بۇ ئومۇمىي نۇپۇسنىڭ 62% ىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 208 مىڭ كىشىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 200 يۇەندىن تۈۋەن.» بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ زادى نېمە ئۈچۈن؟

1994- يىلى3 مىليون 700 كىلوگرام پىلە غوزىكى ئىشلەپ چىقارغان خوتەن دېھقانلىرى ھەر كىلوگرام پىلىنى زاۋۇت تەرەپنىڭ ئەڭ يۇقىرى سېتىۋىلىش باھاسى بويىچە 10 يۇەندىن ساتتى دەپ ھېساپلىساق، شۇ يىلى 37 مىليون يۇەن كىرىم قىلغان بولىدۇ. شۇ يىلى ۋىلايەت بويىچە  بېقىلغان 175 مىڭ قۇتا پىلە قۇرۇتىنىڭ ھەر بىر قۇتسىنى پىلە ئۇرۇقچىلىق زاۋۇتىنىڭ توپ سېتىش باھاسى بويىچە 14 يۇەن 30 فۇڭدىن ھېساپلىساق، خوتەن دېھقانلىرى شۇ يىلى 2 مىليون 500 مىڭ يۇەندىن ئوشۇقراق پۇلغا پىلە ئۇرۇقى (پىلە قۇرتى لىچىنكىسى) سېتىۋالغان بولىدۇ. ئۇلار يەنە پىلە قۇرتى بېقىش ئۆيىنى دىزىنفىكسىيە قىلىش دورىسى، پىلە قۇرتى قېتىشىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى، پىلە قۇرتى قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پاراشۇكى سېتىۋېلىشى كېرەك. يەنە ھەر بىر ئائىلە پىلە قۇرتى باقىدىغان مەخسۇس ئۆي سېلىشى، ئۆي ئىچىگە تېمپېراتۇرا تەڭشىگۈچى ئوچاق سېلىشى، نۇرغۇن ياغاچ - بادىرا ئىشلىتىپ سۆچەك ياسىشى (كۆپ قەۋەتلىك، كەڭ يۈزلۈك جازا)سۆچەك ئۈستىگەمەخسۇس پىلە بېقىش ئۈچۈن سىچۇەندە توقۇلغان چوڭ بامبۇك سىۋەت (يېزا كادىرلىرى بۇنى سامبا دەيدىكەن. بىر دانىسىنى 10 يۇەندىن 15 يۇەنگىچە ئالىدىكەن)لەرنى قويۇشى، پىلە بېقىش ئۆيىنى قايتا - قايتا دىزىنفىكسىيە قىلىشى، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە پۇل خەجلىشى كېرەك. پىلە قۇرتى باقماسلىققا يول قويۇلمايدۇ. مەخسۇس پىلە قۇرتى بېقىلىدىغان ئۆي سالماسلىققا، سۆچەك ياسىماسلىققا، دىزىنفىكسىيە قىلماسلىققا، ئوچاق سالماسلىققا يول قويۇلمايدۇ. سۆچەك ئۈستىگە ئادەتتىكى بورا سېلىشقا، يەرلىكتە تالچىۋىقتىن توقۇلغان سىۋەتلەرنى قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ. چوقۇم مەخسۇس سىچۇەندە توقۇلغان بامبۇك سىۋەت قويۇلىشى كېرەك. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە پۇل كېتىدۇ. بىز بۇلارغا خەجلىگەن پۇلنى ھېساپقا ئالماي، پىلە غوزىكى سېتىشتىن كىرگەن ئومۇمىي كىرىمنى(پىلە قۇرتى سېتىۋالغان چىقىمنى چىقىرىۋېتىپ)خوتەننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىغا چاچساق، ھەر بىر نوپۇسىغا ئاران 23 يۇەندىن توغرا كېلىدۇ.

بىز يەنە تۆۋەندىكى ھېسابقا قاراپ باقايلى.

قاراقاش ناھىيىسىدىكى پىلە ئۇرۇقچىلىق زاۋۇتىدىكى ياش تېخنىك يىگىتنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئەڭ ياخشى ئوخشىغان بىر قۇتا پىلە ئۇرۇقىدىن 25 كىلوگرام غوزەك يىغىۋالغىلى بولىدىكەن. ئۇنى زاۋۇتلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى سىتىۋېلىش باھاسى بويىچە 10 يۇەندىن ساتساق، 250 يۇەنگە ساتقان بولىمىز. بۇنىڭدىن15 يۇەننى ئۇرۇق پۇلىغا، 15 يۇەننى دورا پۇلىغا، 100 يۇەننى يوپۇرماق پۇلىغا(ئۈژمە يوپۇرمىقى يوق ياكى يوپۇرمىقى يېتىشمەيدىغان ئائىلىلەر يوپۇرماق سېتىۋېلىشقا ماجبۇر)چىقىرىۋەتسەك، پىلىكارغا 130 يۇەن ئاشىدۇ. پىلە قۇرتى غوزەككە ئايلىنىنش ئۈچۈن 35-40 كۈن كېتىدۇ. بىر قۇتا قۇرتىنى ئىككى ئادەم ئاران باقالايدۇ. دېمەك ھەر بىر پىلىكارغا 65 يۇەندىن، ھەر بىر ئەمگەك كۈنىگە بىر يۇەن يەتمىش فۇڭدىن توغرا كېلىدۇ

تاڭدىن شامغىچە، شامدىن تاڭغىچە ئىشلەپ، ئاران بىر يۇەن 70 فۇڭغا ئېرىشكەن ئەمگەكچى نامرات بولماي، يەنە نېمە بولماقچىدى؟

ئاشۇ بىر يۇەن 70 فۇڭ(ئالدىدىكى تەييارلىق ئىشلىرىنى دېمەيلا قويايلى)سەھەر تۇرۇپ ئۇژمە شېخىنى كېسىش، يوپۇرماق پوتاش، ھەر بىر تال يوپۇرماقنى لوڭگە ياكى ياغلىق بىلەن بىر-بىرلەپ سۈرتۈپ چىقىش(قۇرتقا يوپۇرماقنى پاكىز سۈرتمەي ياكى سۇدا يۇيۇپ بەرسە ئۆلۈپ قالىدۇ)پىلە قۇرتى بىقىلىدىغان ئۆيگە ئوت قالاش(قۇرتخانىنىڭ تېمپېراتۇرىسى  c22 تىنc  28 گىچە بولۇشى كېرەك)كېچىسى ئىككى قېتىم، كۈندۈزى 3 - 4 قېتىم يوپۇرماق سېلىش، چۈمۈلە، چاشقان ۋە قۇشلارنىڭ زىيان يەتكۈزىشىدىن قوغداش، قۇرتخانا تېمپېراتۇرىسىنى سائەتمۇ سائەت تەكشۈرۈپ تۇرۇش قاتارلىق بىر كۈنلۈك مىھنەتكە بەدەل بولالامدۇ؟ بىر كۈن سېسىقچىلىققا چىداش (قۇرتخانا بىر خىل سېسىق ھاۋاغا تولغان بولىدۇ. بۇ پىلە قۇرتىنىڭ بىر خىل سېسىق پۇراق چىقىرىشىدىن ياكى ئۈزلۈكسىز چېچىلغان دىزىنفىكسىيە دورىلىرىنىڭ بۇلغۇنىشىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن)قا، ماغدۇرسىزلىنىشقا چىداشقا(پىلە قۇرتىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولغاچقا، قۇرتخانىدا ئىشلىگەن ئادەمدە ماغدۇرسىزلىنىش، بېشى قېيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ) بەدەل بولالامدۇ؟ 1994 - يىلى خوتەن شەھىرىدە بىر كىلوگرام گۆش18 يۇەنگە، 40 جىڭلىق بىر خالتا ئۇن ئاران 43 يۇئەنگە سېتىلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا بىر يۇەن 70 فۇڭ بىلەن بىر پىلىكار بىر كۈن جان باقالامدۇ؟

پىلىچىلىكنىڭ بۆشۈكى نامراتلىققا پېتىپ قالدى. پىلىكارلار نامراتلىق ئىچىدە ئىڭرىماقتا. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟

راست، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت نامراتلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، نامراتلارغا ياردەم قىلىدۇ. نامراتلارنى يولەيدۇ. نەچچە يىللاردىن بىرى ھۆكۈمەت ئالاھىدە نامرات رايون - خوتەن ۋىلايىتىگە ئىزچىل ياردەم بېرىپ كەلدى. ھەر يىلى نەچچەمىليون مەبلەغ ئاجرىتىپ نامراتلارنى يوۆلەشكە چۈشۈرۈپ تۇردى. خوتەن ۋىلايىتى ۋە ھەر قايسى ناھىيىلەر خوتەن خەلقىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تالاي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. پىلىچىلىك- يىپەكچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ تاللاپ، بەس- بەستە يىپەك زاۋۇتلىرىنى قۇردى. گۇما، نىيە ناھىيىسىدىن باشقا ھەممە ناھىيىلەردە يىپەكچىلىك زاۋۇتى قۇرۇلدى. نۇرغۇن كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى. كەڭ دېھقانلار ئاشۇ زاۋۇتلار ئۈچۈن خام ئەشيا تەييارلاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىندى.

ئەپسۇسكى، خوتەنلىكلەر يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىدى. ئەكسىچە«زۇلۇم» ھېس قىلدى؟

بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي.

مىھنەت مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالسا زۇلۇمغا ئايلىنىدۇ، مىھنەت جەرىمانە، قورقۇتۇش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلسا زۇلۇمغا ئايلىنىدۇ،. مىھنەت ئۆزىگە لايىق قىممەتكە ئىگە بولالمىسا زۇلۇمغا ئايلىنىدۇ. مىھنەت مىھنەت مېۋىسى مىھنەت قىلغۇچىغا تولۇق تەگمىگەندە زۇلۇمغا ئايلىنىدۇ.

تۆۋەندە ئاشۇ زۇلۇم ھېس قىلدۇرغان ۋەقەلەرىنى بايان قىلىشتىن ئىلگىرى «تۆمۈر» ھەققىدە كىچىككىنە قىستۇرما بەرمەكچىمەن. بۇنىڭ كېيىنكى گەپلەرنى چۈشەندۈرۈشكە – چۈشىنىۋىلىشقا چوڭ ياردىمى بولىدۇ.

شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا ئائىت ماتېرياللارنى ئوقۇغان ئادەملەرىڭ ھەممىسى قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ «تۆمۈر چارۋا» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئەمگەكچى خەلقنى دەھشەتلىك ئىكسپىلاتاتسىيە قىلغانلىقىنى بىلىدۇ. ئالدىنقى يىللاردا خوتەندە يېزىلىق پارتكوم شۇجىسىنىڭ قارا قۇرۇمدىكى يايلاقتا «تۆمۈر قويى» بارلىقى توغرىسىدا پاراڭ تارقالغان. ئۇنىڭ «تۆمۈر قويىلىرى» شامەخسۇت ۋاڭنىڭ «تۆمۈر چارۋىلىرى» دەك كۆپ ئەمەس ئىكەن، پەقەت 50 تۇياق ئىكەن. ئۇ ھەر يىلى خالىغان چاغدا تاغدىن 50 تۇياق قويىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، سويۇپ يەيدىكەن، ساتىدىكەن، باشقىلارغا سوۋغات قىلىدىكەن. لېكىن يەنە تاغدا 50 تۇياق قويى ئېشىپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ ئاشۇ 50 تۇياق قويى كېسەل بولمايدىكەن، ئاپەتكە ئۇچرىمايدىكەن، ئۆلمەيدىكەن، سۇۋاي قالمايدىكەن، ئەكسىچە ھەر يىلى ھەر بىرى بىردىن يەنە ئەللىكنى قوزىلاپ تۇرىدىكەن، ھەتتا قوچقار – ئىرىكلىرىمۇ قوزىلايدىكەن، بۇ ئىش 1985 – يىلىدىن بېرى ئىزچىل شۇنداق بولۇپ كەپتۇ

دېمەك كىشىلەر «تۆمۈر چارۋا»، «تۆمۈر قوي» توغرىسىدىكى گەپلەرنى ئاللىقاچان ئاڭلىغان. ۋەھالەنكى، ئۇلار تا ھازىرغىچە «تۆمۈر قۇرت»، «تۆمۈر ئۇژمە»، «تۆمۈر مەھسۇلات»، «تۆمۈر ۋەزىپە»، «تۆمۈر باھا»  دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىمىغان بولۇشى مۇمكىن. پاكىت دېگەن پاكىت. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاڭلاش – ئاڭلىماسلىقىغا، شۇنداق ئاتاش – ئاتىماسلىقىغا باقمايدۇ. خوتەن پىلىچىلىكىدە ئاشۇ «تۆمۈر» لەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاللىقاچان پاكىتقا ئايلاندى.

 

3. «تۆمۈر قۇرت» توغرىسىدا پاراڭ

 

بىرىنچى ھېكايە

1993 – يىل يازدا لوپ ناھىيە چاھارباغ يېزىسىنىڭ باشلىقلىرى ھەيرانباغ كەنتىگە يازلىق پىلە قۇرتىنىڭ بېقىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە كەلدى. ئۇلار مەھەللىمۇ مەھەللە، ئائىلىمۇ ئائىلە ئالا قويماي كىرىپ تەكشغردى. ھەر بىر ئائىلىنىڭ قۇرتخانىسىدىكى سۆچەكلەردە، مەخسۇس سىچۈەندە توقۇلغان بامبۇك سىۋەتلەرنىڭ ئۈستىدە ھەر يان تولغىنىپ – ئۆمىلەپ، زۈمرەتتەك ئۈجمە يوپۇرمىقىنى چىرىسلىتىپ يەۋاتقان پىلە قۇرتلىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى، سېمىز – ئورۇقلۇقىنى سېلىشتۇردى. قۇرتلارغا كېسەل تەگكەن – تەگمىگەنلىكىنى، ئۆچەككە كىرگەن – كىرمىگەنلىكىنى سوراشتۇردى. قۇرتى ياخشى ئاينىۋاتقانلارنى ماختىدى. قۇرتى ياخشى ئۆسمىگەنلەرنى تەنقىد قىلدى. قۇرتى ئۆلگەنلەرگە نەخ مەيداندا جەرىمانە قويۇشتى. ئۇلار دېھقان x ئاخۇننىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئۇ باققان پىلە قۇرتىدىن بىر قىسمىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى x چالۋاقاپ كەتتى:

ھۇي، ئeيتە، قۇرتلار نeمىشقا ئۆلدى؟

― ئەمدى، ئەمدى ... ئۇقماي قالدۇق، كېسەل تەگكەن چېغى...

― سەن ساقمۇ؟

― ساق.

― بالا – چاقىلىرىڭ ساقمۇ؟

― ساق.

― سەن ۋە بالا – چاقىلىرىڭغا كېسەل تەگمەپتۇ، سەنلەر ئۆلۈشمەپسەن، نېمىشقا قۇرتقا كېسەل تېگىدۇ؟ نېمىشقا قۇرت ئۆلىدۇ؟

― شىياڭجاڭ ... ئەمدى بۇ  قۇرت دېگەن ئادەم ئەمەسكەن، زۇۋانى يوقكەن.

x ئاخۇن دۇدۇقلاپ، ئاخىرى شۇنداق دeيىشكە مەجبۇر بولدى. مۇئاۋىن يېزا باشلىقى x خۇددى ياۋا مۈشۈكتەك سەكرەپ كېلىپ، دېھقاننىڭ ساقىلىدىن ئالدى.

― ھۇي ئەبلەخ، يەنە ماڭا جاۋاب ياندۇرىسەنا، قۇرتلارنى ئۆلتۈرگەن جىنايىتىڭ ئۈچۈن سەنمۇ ئۆل!- مۇئاۋىن يېزا باشلىقى شۇنداق دېدى- دە، x ئاخۇننىڭ كاچىتىغا چاڭىلدىتىپ ئىككى شاپىلاق ئۇردى. ئۇنى تاغدەك كۆرىدىغان پەرزەنتلىرى، بويىغا يېتىپ قالغان قىزلىرى، ياۋاش ئايالى، جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان قىرى ئانىسى ئالدىدا ئىككى شاپىلاق ئۇردى. ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى چىرقىرىشىپ كەتتى. x ئاخۇننىڭ قىرى ئانىسى ۋە ياۋاش ئايالى يىغلىغان پېتى مۇئاۋىن يېزا باشلىقىنىڭ قولىغا ئېسىلدى.

― ئۇرمىسىلا شىياڭجاڭ ئوغلۇمنى ئۇرغىچە مېنى ئۇرسىلا. مېنى ئۆلتۈرىۋەتسىلە شىياڭجاڭ...

― ئۇرمىسىلا شىياڭجاڭ، ئۇرمىسىلا، مېنى ئۇرسىلا، بىچارىنى ئۇرمىسىلا...

ھويلىدا قىيا – چىيا، ئاھ – پەرياد كۆتۈرۈلدى. x ئاخۇننىڭ جاۋغىيىدىن قىپقىزىل قان ساقىپ چvشتى. يۇڭدالغان ساقللىرى ئارىسىدىن قان تەپچىرەپ چىقتى. كۆزلىرىدىن تارام – تارام ياش تۆكۈلدى. بىچارە دېھقان نېمىمۇ قىلالىسۇن؟ ئاشۇ زومىگەرگە مۇشت ياندۇرالايتتىمۇ؟ مۇشت ياندۇرۇپ ھۆددىسىدىن چىقالايتتىمۇ؟

مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئۆلگەن قۇرتقا تۆلەيدىغان جەرىمانىنى بىكىتىپ، x ئاخۇننى پۇخادىن چىققۇچە تىللاپ – ھاقارەتلەپ، ھەمراھلىرىنى باشلا كeتىپ قالدى. لeكىن، x ئاخۇننىڭ ھويلىسىدىكى يىغا – زارە ئۈچ كۇنگىچە بېسىلمىدى. x ئاخۇن تاياق، ھاقارەت ۋە نۇمۇس- ئەلەمدىن ئvچ كۇنگىچە دۇم يېتىپ يىغلىدى. بالا – چاقىلىرىمۇ يىغلىدى...

بۇ ئاشۇ ئۆلۈپ كەتكەن پىلە قۇرتلىرى ئۈچۈن ئېچىلغان ھازىمۇ؟ بۇ ئاشۇ ئۆلگەن پىلە قۇرتلىرى ئۈچۈن ھازا ئېچىشقا مەجبۇر قىلىشمۇ؟

يۇقىرىدىكىسى مەن توقىغان ھېكايە ئەمەس، چاھارباغ يېزىسىنىڭ ئاشۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان كادىرى x ماڭا شۇ ۋەقەنى سۆزلەپ بeرىۋىتىپ يىغلاپ تاشلىدى. مەنمۇ كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش ئالدىم. ئويلاپ باقايلى، بۈگۈن خوتەندە، ئاشۇ چاھارباغدا ئادەم قەدىرلىكمۇ ياكى پىلە قۇرتىمۇ؟

بىر مۇئاۋىن يېزا باشلىقىنىڭ ئۆز يۇرتدىشىغا، ئۆزىنى سايلىغان بىر مۆمىن دېھقانغا ئاشۇنداق ياۋۇزلۇق قىلغانلىقىغا ئىشەنگىلى بولامدۇ؟ بىز پەقەت ئۇنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئىكەنلىكىنى، خىزمەت كۆرسىتىشكە، يۇقىرىنىڭ ماختىشىغا، دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈپ يېزا باشلىقى، مۇئاۋىن ھاكىم بولۇشقا  ئىنتىزار ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالساق، يەنە كېلىپ خوتەندىكى يېزا باشلىقلىرىغا خاس تەربىيە كۆرمىگەن، يۇقىرىغا خوشامەت قىلىپ تۈۋەننى باسىدىغان غالچا مىجەزىنى، مەنسەپپەرەسلىك خاراكتېرىنى ئەسكە ئالساق، بۇ ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە، توقۇلما ئەمەسلىكىگە ئىشىنەلەيمىز. ۋەھالەنكى، x ئاخۇن پىلە قۇرتى سەۋەبىدىن تاياق يېگەن، ھاقارەتكە ئۇچرىغان يۈزلىگەن – مىڭلىغان دېھقانلارنىڭ پەقەت بىرى، خالاس. ئىزدىسەك يەنە ساماندەك تېپىلىدۇ. خوتەن ناھىيىسىنىڭ x يېزا x كەنتىدىكى ئۇچ نەپەر دېھقاننىڭ پىلە قۇرتى جەرىمانىسى ئۈستىدىن ئەرز قىلغانلىقى تۈپەيلى يېزا باشلىقلىرىنىڭ تەقىپ قىلىشىغا ئۇچراپ ئىككى يىلدىن بېرى ئۆيىگە، مەھەللىسىگە قايتالمىغانلىقى بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يەنە بىر دەلىلى.

ئىككىنچى ھېكايە

1994 – يىل يازدا، باھار پىلىسى بېقىلىۋاتقان مەزگىلدە، قاراقاش ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى x تۈۋەت يېزا مۇغال كەنتىدىكى نىياز باراتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بېقىلىۋاتقان يېرىم قۇتا پىلە قۇرتىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسىغا خاس سەگەكلىك بىلەن تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرگەن بولسا كېرەك: پىلە قۇرتى بېقىلىۋاتقان سۆچەك – بامبۇك سىۋەتلەرنىڭ قايسىبىر يېرىقىدىن ئاق قېتىش كېسەللىكى بىلەن ئۆلگەن ئىككى دانە قۇرتنى تېپىۋالدى. پىلە قۇرتلىرىدا بولىدىغان ئاق قېتىش كېسەللىكى يۇقۇملۇق بولىدۇ. بۇنى نەزەردە تۇتقان ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسى قۇرت ئىگىسى نىياز باراتنى «قۇرتنى ياخشى باقماپسەن، ۋاقتى – ۋاقتىدا كۆزىتىپ تۇرماپسەن» دەپ تەنقىد قىلدى ۋە دەرھال كەنت پارتىيە ياچىكىسىنىڭ سىكرىتارى ئىمىن تۇراھىزنى چاقىرتىپ قۇرتلارنى باشقا ئۆيگە يۆتكەشنى، شۇ ئارقىلىق ئاق قېتىش كېسەللىكىنىڭ باشقا قۇرتلارغا يۇقۇشىدىن ساقلىنىشنى ئورۇنلاشتۇردى. شۇجى قايتىپ كەتكەندىن كېين ئىمىن تۇراھىز، نىياز بارات ۋەقۇرت بېقىش تېخنىكىلىرى قۇرتنى يۆتكەش – يۆتكىمەسلىك توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى. نىياز باراتنىڭ قۇرتلىرى شۇ كۈنلەردە دەل ئۇخلاۋاتكان بولغاچقا (پىلە قۇرتى بېقىلىۋاتقان مەزگىلدە تۆت قېتىم ئۇخلاپ ئۆچەككە كىرىدۇ. دەسلەپكى قېتىم يېرىم سوتكا، ئاخىرقى قېتىم 3 -5 سوتكا ئۇخلايدۇ. ئۆچەك مەزگىلىدە يوپۇرماق يېمەيدۇ)، تېخنىكلار يۆتكەشكە قوشۇلمىدى. بۇ ئىش شۇنىڭ بىلەن بولدى قىلىندى. ۋەھالەنكى، ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسى بۇ ئىشنى بولدى قىلمىدى. 2 – 3 كۈندىن كېين يەنە تەكشۈرۈپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قۇرتنى يۆتكىمىگەنلىكىنى كۆرۈپ راسا ئاچچىقلاندى. ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا پىسەنت قىلمايدىغان قانداق بەڭباش نېمىلەر بۇ؟ ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسىنى كۆزگە ئىلمىغىنىمۇ بۇ ئۇلارنىڭ؟ ... شۇنىڭدىن كېين مۇغال كەنتىگە كادىر ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا كەلدى. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق باشلىقلىرى مۇغال كەنتىگە ھازىر بولدى. ئىككى قۇرتنىڭ ئۆلۈمى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىشقا باشلىدى. تەكشۈرۈش دېگەن كاۋاپسىز، زىياپەت – ھاراقسىز بولمايدۇ. ئىككى قۇرتنىڭ ئۆلۈكىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا سەرپ قىلىنغان بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە تۆت قوي ئاۋۋال تونۇرغا كىرىپ ئاندىن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ گېلىغا كىرىپ كەتتى. ھاراق – شاراب سۇدەك ئېقىپ تۇردى. ئاخىرى نەتىجىمۇ چىقتى. ئىككى قۇرتنىڭ ئۆلۈشىدە مەسۇلىيىتى بولغان ئىمىن تۇراھىز گەرچە تۆت قوي كاۋاپ قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ يەنىلا كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى. بىۋاستە جاۋابكار نىياز بارات 100 يۇەن جەرىمانە تۆلىدى.

يېرىم قۇتا پىلە قۇرتى ئىچىدىكى 10 – 12 مىڭ قۇرت ئىچىدىن ئىككى دانە قۇرت ئۆلگەن بولسىمۇ نىياز بارات  ئاخىرىدا يەنىلا 14 كىلوگىرام پىلە ساتقانلىق ھەققىدىكى ھۆججەتنى يېزا رەھبەرلىرىگە ئۆتكۈزدى. يېرىم قۇتا پىلە قۇرتىدىن راستتىنلا 14 كىلوگرام پىلە چىقتىمۇ ياكى نىياز بارات باشقا ئويۇن ئوينىدىمۇ؟ بۇنى ھېچكىم بىلمىدى. بۇ ئىشقا قارىتا دېھقانلار:

― پىلە قۇرتى ھەقىقەتەن ئادەمدىنمۇ قەدىرلىك ئىكەن. مۇغالدا بىرەر كىم ئۆلۈپ كەتسە ناھىيە تۈگۈل يېزىلىق ھۆكۈمەتتىنمۇ ئادەم كېلىپ قويمايتتى. ئىككى قۇرت ئۆلۈۋىدى، ناھىيىدىن ۋە يېزىدىن نەچچە ئون ئادەم كېلىپ مۇغالدا بىر ھەپتە ھازا ئاچتى...- دېيىشتى.

بىر قۇتا پىلە ئۇرۇقىدىن 20 مىڭدىن 23 مىڭغىچە قۇرت چىقىدۇ. شۇنچە جىق قۇرتتىن بىر – ئىككىسى، ئون – يىگىرمىسى ئۆلۈپ كەتكەڭە نېمە بولاتتى؟ بىر – ئىككى قۇتا، ئون – يىگىرمە قۇتا قۇرتنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە نېمە بولاتتى؟ بىر – ئىككى قۇتا ئۇرۇق قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىدىكى پىلە ئۇرۇقچىلىق زاۋۇتى 1994 – يىلى ئىشلەپ چىقارغان 130 مىڭ قۇتا باھار پىلىسى ئۇرۇقى ئىچىدە قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ؟ خوتەن ۋىلايىتى 1994 – يىلى باققان 175 مىڭ قۇتا پىلە ئۇرۇقى ئىچىدە قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ؟ 20 – 25 مىڭ نوپۇسلۇق بىر يېزىدىمۇ ھەر كۈنى بىر ئىككى ئادەم ئۆلۈپ تۇرىدىغۇ؟ ئىككى دانە قۇرتنىڭ ئۆلگىنىگە شۇنچىۋالا قىلىپ كەتكەن بارمۇ؟

«تۆمۈر قۇرت» دېگىنىمىز ئەنە شۇ. ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈپ قېلىشىغىمۇ يول قويۇلمايدۇ. ئۇنى كېسەل قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ كېسەل بولىشىغىمۇ يول قويۇلمايدۇ. كېسەل بولسا، ئۆلۈپ قالسا، ئاشۇ قۇرتنى پۇل تۆلەپ سېتىۋالغان دېھقان جاۋاپكار بولىدۇ. ئۇ سېتىۋالغاندا پۇل تۆلەيدۇ. كېسەل بولسا، ئۆلۈپ كەتسە جەرىمانە تۆلەيدۇ. يەنە تېخى ئاخىرىدا ھەر قۇتا پىلە ئۇرۇقى ئۈچۈن 32 كىلوگرامدىن پىلە غوزىكى سېتىپ، ھۆججەت – تالوننى يېزا رەھبەرلىرىگە كۆرسىتىشى كېرەك. ناۋادا ۋەزىپىسىنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكۈزەلمىسە يېزا رەھبەرلىرىگە كەملىگەن ھەر كىلوگرام ئۈچۈن 5 يۇەندىن جەرىمانە تۆلەيدۇ...

“ تۆمۈر قۇرت»نىڭ كېسەل بولۇشىدىن، ئۆلۈپ كېتىشىدىن، بوۋا بولۇپ قېلىشىدىن (پىلە قۇرتىنىڭ ياخشى چوڭىيىپ، داۋاملىق يوپۇرماق يەپ، لېكىن تورغا كىرەلمەسلىك، پىلە ھاسىل قىلالماسلىق ھادىسىسىنى دېھقانلار بوۋا بولۇپ قېلىش دەپ ئاتايدۇ)دېھقانلارلا قورقۇپ قالماستىن، كەنت كادىرلىرىمۇ، يېزا كادىرلىرىمۇ قورقىدۇ. چۇنكى، ئاشۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە ئۇلارمۇ جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ، جەرىمانە تۆلەيدۇ، تەنقىد ئاڭلايدۇ...

ئۇچىنچى ھېكايە

1994- يىل يازدا لوپ ناھىيە سامپۇلا يېزا x كەنتىنىڭ كادىرلىرى دېھقان x ئاخۇنغا تەقسىم قىلىنغان بىر قۇتا پىلە قۇرتىنى بامبۇك سىۋەتكە سېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاپاردى. چۈنكى، x ئاخۇن ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان قۇرتنى ئېلىپ كېتىشكە كەلمىگەنىدى. كەنت كادىرلىرى قۇرتنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بارغاندىلا ئاندىن x  ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئۆيىدە يوقلۇقىنى، ئاللىقانداق بىر ئىش ۋەجىدىن سىرتقا كېتىپ قالغانلىقىنى بىلدى.  ئۇلار x ئاخۇننىڭ كىچىك بالىلىرىدىن ئۇلارنىڭ كەچتىمۇ ياكى ئەتىمۇ قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ پىلە قۇرتىنى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قايتىپ كېتىشتى. x ئاخۇن قايتىپ كەلسە قۇرتلارنى دەرھال پەرۋىش قىلىشقا كىرىشەر دەپ ئويلاشتى. لېكىن، x ئاخۇن كەچتىمۇ قايتىپ كەلمىدى، ئەتىسىمۇ قايتىپ كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئەمدىلا تۇخۇمدىن چىققان بىر قۇتا پىلە قۇرتى بۇ جاھاننىڭ خوۋلۇقىنى كۆرمەي جىم – جىملا ئۆلۈپ قالدى...

ئۆگىنىسى كەچتە قايتىپ كەلگەن x ئاخۇن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قاتتىق قورقۇپ كەتتى. ھۇدۇقۇپ نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالدى. ئۇ نېمىشقىمۇ قورقمىسۇن! شۇنچىۋالا نۇرغۇن  «تۆمۈر قۇرت» ئۆلۈپ كەتكەن تۇرسا، بۇنىڭ جاۋابكارلىقىدىن ئاسان چىققىلى بولامدۇ؟ ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا چىداپ تۇرغۇسىز ھاقارەت ۋە تۈگىمەس سوئال – سوراقلار ئاڭلانغاندەك بولدى. ئىڭەكلىرىگە چارسىلداپ تەگكەندەك تۇيۇلدى. كىملەردۇر جەرىمانە ئۈچۈن ئىغىلدىكى قويلىرىنى سۆرەپ ماڭغاندەك كۆرۈندى. ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ھۇدۇققانىدى... «ئىقرا قىلغانلارغا كەڭچىلىك ...»  دېگەن ھېلىقى سىياسەتنى يادىغا ئالغان x ئاخۇن يىراقتىن ھىرىپ – ئېچىپ قايتىپ كەلگىنىگە قارىماي، كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ سىكرىتارىنى ئىزدەپ ماڭدى. ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بولغان ئىشنى بايان قىلدى. قاتىللىق قىلغان گۇناھكاردەك بېشىنى ئەگدى... سىكرىتارنىڭ كۆزلىرى دەسلەپ چوڭ ئېچىلدى، كېين چانىقىدىن چىقىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە پولتىيىپ، ئالىيىپ قارىدى. ئارقىدىن ئاستا – ئاستا ئەسلىگە قايتتى. ئۇ نېمىلەرنىدۇ ئويلاپ قالغانىدى.

- ئەمدى قانداق قىلىمىز؟

x ئاخۇن بىلەن بىللە ئۇنىڭ قۇرتخانىسىغا كېلىپ، ئۇخلاپ قالغاندەك جىملا ياتقان بىچارە قۇرتلارغا قاراپ تۇرغان سىكرىتار ئەنە شۇنداق دېدى.

― ئۆزلىرى، ئۆزلىرى... – دېدى ھۇدۇقۇپ كەتكەن x ئاخۇن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي. ئۇ شۇ تاپتا سىكرىتار ئۆزىنى تىللاپ – ھاقارەت قىلمىسا، يېزىلىق ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلمىسىلا جەرىمانە تولەشكىمۇ رازى ئىدى. جەرىمانە پۇلى ئۈچۈن كىگىز – گىلەملىرىنى، قوي – توخۇلىرىنىمۇ سېتىشقا رازى ئىدى.

ئۇلار ئۇزۇنغىچە مەسلىھەتلەشتى. سىكرىتار بىر تالاي تاپا – تەنە قىلغانمۇ بولدى. لېكىن ھېچكىمگە بىلدۈرمەي كۆمۈۋىتىشكە كېلىشتى. ياۋاش x ئاخۇن ئۆلگەن قۇرتلارنى ئۆي ئارقىسىدىكى باغقا ئېلىپ چىققاندا، كۆمىدىغان ئورەك كولاشقىمۇ جۈرەت قىلالمىدى. ئورەكنى ئاخىرى سىكرىتارنىڭ ئۆزى كولىدى. شۇنداق قىلىپ ئاشۇ بىر قۇتا ئۆلگەن قۇرتنى ئۇلار كىچىدە ئىنس – جىنغا تۇيدۇرماي كۆمۈۋەتتى...

لېكىن ئىش بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىدى. x ئاخۇن پۈتۈن ياز بويى قىلمىشىنى يوشۇرغان قاتىلدەك ئەنسىز يۈردى. كۆزى باغدىكى ئاشۇ كۆرۈنمەس قەبرىگە چۈشسىلا، يۈرىكى دۆپۈلدەپ سوقۇپ كېتەتتى. ئاخىرى نەدىندۇر قايسىبىر يوللار بىلەن تاپقان 25 كىلوگرام پىلە غوزىكى سېتىپ بەرگەنلىك توغرىسىدىكى تالوننى يېزا باشلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بولغاندىلا يۈرىكى ئازراق جايىغا چۈشكەندەك بولدى...

ئەگەر مۇشۇ «قاتىللىق» ئاشكارىلىنىپ قالغان بولسا، x ئاخۇننىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەر كەلمەيتتى دەيسىز؟ سىكرىتار يەنىلا سىكرىتار بولۇپ يۇرت سورالايتتىمۇ؟ بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئەلۋەتتە تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ.

4. «تۆمۈر ئۈجمە» ھەققىدە پاراڭ

«تۆمۈر ئۈجمە» ھەققىدە گەپ باشلاشتىن ئىلگىرى خوتەننىڭ ئېتىز قىرلىرى تارىخىنى بىر قېتىم ۋاراقلاپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. چۈنكى، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 46 يىل جەريانىدا خوتەننىڭ ئېتىز قىرلىرىمۇ خۇددى خوتەنلىكلەرگە ئوخشاشلا ئاجايىپ قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈردى.

خوتەنلىكلەر خوتەن يەرلىرىنىڭ قۇم تۇپراقلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئېتىز قىرلىرىغا، ئېرىق – ئۆستەڭ قىرلىرىغا، يول بويلىرىغا دەرەخ تىكىشكە ئادەتلەنگەن. بۇ يۇرت – مەھەللىنى كۆكەرتىشنى، گۈزەللەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تۇپراق نىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ، ئۇچۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىمۇ مەقسەت قىلغان. ياش – قۇرامى 50 لەردىن ئاشقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا خوتەندىكى ئېرىق – ئۆستەڭ قىرلىرىدا ئۈجمە، جىگدە، ئۈرۈك، شاپتۇل، شاتۇت، ئالما، ياڭاق، بادام قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ، تىرەك سۆگەت قاتارلىق مېۋىسىز دەرەخلەرنىڭ ياشناپ تۇرغانلىقىنى ئەسكە ئالالايدۇ. 1958 - يىلى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ۋە «پولات  - تۆمۈر ئېرىتىش تەلۋىلىكى قوزغالغاندا ئاشۇ دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى كېسىلىپ، ئوتۇنغا ئايلاندۇرۇلۇپ پولات – تۆمۈر ئېرىتىش پېچلىرىغا قالىۋىتىلدى. ئېرىق – ئۆستەڭ بويلىرى، ئېتىز قىرلىرى يالىڭاچلىنىپ قالدى. ئاشۇ ئاپەتتىن ئېشىپ قالغانلىرىمۇ 1958 – يىلىدىن 1961 – يىلىغىچە كوممۇنا ئاشخانلىرىدىكى داشقازان ئوچىقىغا قالاپ تۈگىتىۋىتىلدى. ئېتىز قىرلىرى پاك – پاكىز يالىڭاچلىنىپ قالدى...

60 – يىللارنىڭ دەسلىپىدە شۇ چاغدىكى خوتەن يەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇاڭ چىڭ «خوتەن ياڭىقىغا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئېغىزىنى تەگكۈزۈش» شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،  ئېتىز قىرلىرىغا ياڭاق تىرىشنى تەشەببۇس قىلدى. كىشىلەر ياڭاق تىرىدى. باشقا ئۈرۈك، شاپتۇل، ئالما، ئامۇت قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنىمۇ تىكتى. ئەپسۇسكى، بۇلارمۇ داجەيدىن ئۆگىنىش، سالا ئېتىز قۇرۇلۇشى، ئېتىز – ئېرىق، يول قۇرۇلۇشى، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى... قاتارلىق ھەرىكەتلەردىن ئامان قالالمىدى. بىر قىسمى تەبىئىي ھالدا چىقىرىپ تاشلاندى.

80 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، شۇ چاغدا خوتەن مەمۇرىي مەھكىمىدە مۇئاۋىن ۋالىي بولۇپ ئىشلەۋاتقان تاڭ چۇنجيې دېگەن ئادەم «ئېتىزلاردىن قوش قەۋەت ھۇسۇل ئېلىش» نى پىلانلاپ، ئېتىز – ئېرىق قىرلىرىغىلا ئەمەس، ھەتتا ئېتىزلىقلارغىمۇ سەگۈتىرەك، بېيجىڭ توغرىقى قاتارلىق دەرەخلەرنى تىكىشنى بۇيرۇدى. ئېتىزلىققا ئەزەلدىن مېۋىسىز دەرەخ سېلىپ باقمىغان خوتەنلىكلەر ئۈچۈن بۇ بەكمۇ غەلىتىلىك بولۇپ تۇيۇلغان بولسىمۇ، يەنىلا شۇنداق قىلماي بولمىدى. ئېتىزلىقلارغا قاتار – قاتار قىلىپ سەگۈتىرەك سېلىندى. تاڭ چۇنجيېنىڭ ئىيتىيىشىچە: مۇشۇنداق قىلغاندا ئاستىدا بۇغداي - قوناقتىن، ئۈستىدە ياغاچ ماتېرىيالى سەگۈ تىرەكتىن ھوسۇل ئالغىلى بولارمىش. قوش قەۋەت ھوسۇل ئېلىش دېگەن مۇشۇمىش. بۇ ئىش سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا تۇتۇلغانلىقتىن، سەگۈتىرەك سايە چۈشۈرۈپ، بۇغداي ئوخشىمىغاندىمۇ، سەگۈتىرەكتىن كېسەل تارقىلىپ، بۇغداي – قوناقنى پىت – كۇمۇتا بېسىپ كەتكەندىمۇ خوتەنلىكلەر غىڭ قىلىشالمىدى.

ۋاقىت يېڭى ئەسىرگە يىقىنلاپ 90 – يىللار يېتىپ كەلگەندە ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشىنىڭ ئوز ۋاقتىدا: «پىلە بېقىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۈجمە يېتىشتۈرۈش كېرەك، ئۈجمە يېتىشسە ئاندىن پىلە باققىلى بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكىنىدەك ئۈجمە يېتىشتۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن تاڭ چۇنجيېىنىڭ ئېتىزلىقلارغا تىكتۈرگەن ھېلىقى سەگۈتىرەكلىرى تېخى ياغاچ ماتېرىيالىغا ئايلانماستىنلا بىر كېچە – كۈندۈزدە ئېتىزلاردىن، ئېتىز – ئېرىق قىرلىرىدىن يوق قىلىندى، كېسىپ – يۇلۇپ تاشلاندى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئېتىز – ئېرىق قىرلىرىغا ئۈجمە تىكىش ئۈچۈن تاڭ چۇنجيېنىڭ سەگۈتىرەكلىرىلا ئەمەس، ئېتىز – ئېرىق قىرلىرىدىكى ئۈرۈك – شاپتۇللارمۇ يۇلۇپ – كېسىپ تاشلاندى.

ئۈجمە كۆچىتى تىكىش، ئۈجمە يېتىشتۈرۈش بەكمۇ تېز سۈرەت بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. «چىرا ناھىيىسىنىڭ چىرا يېزىسى 1991- يىلىدىن 1994 – يىلىغىچە 6 مىليون 240 مىڭ 654 تۈپ ئۈجمە يېتىشتۇرۇپ، ئومۇمىي ئۈجمىنىڭ تۈپ سانىنى 6 مىليون 808 مىڭ 654 تۈپكە يەتكۈزدى، 3 مىليون 256 مىڭ 80 تۈپ ئۈجمىنى ئۇلاپ، سورتنى ياخشىلىدى...»

«لوپ ناھىيىسىنىڭ چاھارباغ يېزىسى 1994 – يىلى 377 مىڭ 220 تۈپ ئۈجمە كۆچىتى تىكىش، 630 مىڭ تۈپ ئۈجمىنىڭ سورتىنى ياخشىلاش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەزىپىنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىلەشتۈردى...»

«قاراقاش ناھىيىسىدە 1994 – يىلى سېلىنغان ئۈجمە كۆچىتى 5 مىليون 437 مىڭ تۈپ بولۇپ، 1993 – يىلىدىكىدىن 54.9% ئاشتى...»

ھەممە ناھىيە، ھەممە يېزىلارنىڭ ئۈجمە يېتىشتۈرۈش ئەھۋالىدىن سان – سىفىرلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ يۈرمىسەكمۇ بولار. يۇقىرىقىلاردىنلا خوتەندىكى ئۈجمە يېتىشتۈرۈش سۈر ئىتىنىڭ ئاجايىپ تېز بولغانلىقىنى، سېلىشتۇرغۇسىز تېز بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. شۇنداق قىلىپ، يەنە ھېلىقى خوتەن ئېتىز- قىرلىرىنىڭ تارىخىي قىسمەتلىرى توغرىسىدىكى گېپىمىزگە قايتايلى. ئېتىز – ئېرىق قىرلىرى يەنە 50 – يىللارنىڭ بېشىدىكى ھالىتىگە قايتىپ، ئۈجمىلىك ئېتىز – قىرلىرىغا ئايلاندى. يەنە كېلىپ نەچچە ھەسسە قويۇق ئۈجمە كۆچەتلىرى بىلەن قاپلاندى. بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئاشۇ پايانسىز ئۈجمىزارلىقلارنى پىلىگە ئېھتىياجلىق فابرىكىلار بەرپا قىلغىنى ياكى بەرپا قىلىشقا مەبلەغ سالغىنى يوق. ئاللىقانداق بىر باشقا ئىشلەپچىقىرىشقا مۇلازىمەت قىلغۇچى شىركەتلەر بەرپا قىلغىنى ياكى مەبلەغ سالغىنى يوق، ئۇنى خوتەن دېھقانلىرى بەرپا قىلدى. ئۈجمە كۆچىتىنى دېھقانلار سېتىۋالدى، دېھقانلار تىكتى، دېھقانلار ئۇلاپ سورتىنى ياخشىلىدى. ئەمدى بۈگۈنگە كەلگەندە دېھقانلار يېتىشتۈرگەن ئۈجمە «تۆمۈر ئۈجمە» گە، چېقىلغىلى، كەسكىلى، ساتقىلى بولمايدىغان مۇقەددەس دەرەخكە ئايلاندۇرۇۋىتىلدى. بۇنداق قىلىشقا بىزگە كىم ھوقۇق بەردى؟

ھېكايە

1994 – يىل ئاۋغۇستتا كىرىيە ناھىيىسىدىكى بەزى باشلىقلار كىۋەز ئېتىزلىرىنىڭ ئىچكى قىرلىرىغا تىرىلغان ئاپتاپپەرەسلەرنى چېپىپ تاشلاش دولقۇنىنى قوزغىدى. 20 كىشىلىك، 30 كىشىلىك، 50 كىشىلىك قىلىپ تەشكىللەنگەن «جەڭگىۋار ئەترەت»لەر خۇددى ئالپ ئەرتۇڭانىڭ قىلىچۋازلىرىدەك جاسارەت بىلەن سەپ تارتىپ، سالامۇ سالا، ئېتىزمۇ ئېتىز، قىرمۇ قىر بېسىپ ئۆتۈپ، مىغىز تۇتۇپ پىشايلا دەپ قالغان ئاپتاپپەرەسلەرنى دۈشمەننىڭ كاللىسىنى چاپقاندەك چېپىپ تاشلىدى. دېھقانلارنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا، توسۇشلىرىغا پىسەنت قىلمىدى. سەۋەبى ئاپتاپپەرەس كىۋەزلىككە سايە چۈشۈرۈپ، پاختا مەھسۇلاتىنىڭ كەملەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرارمىش، پاختا مەھسۇلاتىنىڭ ئېشىشىغا توسقۇن بولارمىش... كىۋەزلىك قىرلىرىغا ئاپتاپپەرەس تىرىش ئەسلىدە ھازىرقى خوتەن مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ئابدۇراخمان قۇربان كىرىيە ناھىيىسىدە ھاكىم بولۇپ تۇرغاندا، دېھقانلارنىڭ ئوزۇقلۇق مىيىنى ھەل قىلىشنى كوزدە تۇتۇپ تەشەببۇس قىلغان بىر خىل كىرىشتۈرمە ئىشلەپچىقىرىش تۈرى ئىدى. ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى كۇنگە كەلگەندە بۇ ياخشى ئىشنىڭ بېشىغا بۇنداق ئېغىر كۈلپەتنىڭ كېلىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز؟

ئاپتاپپەرەسلەرنى چېپىپ تاشلاش دولقۇنى شۇنچىلىك ھەيۋەت بىلەن ئېلىپ بېرىلدىكى، ھېچكىم توسالمىدى، ھەتتا مۇئاۋىن ۋالىي ئابدۇراخمان قۇربان كىرىيە ناھىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىگە ئۈچ قىتىم تېلېفۇن بېرىپ، «بۇ ئىش ياخشى بولماپتۇ» دەپمۇ توسۇپ قالالمىدى. قانداقمۇ توسۇپ قالالىسۇن؟ ئاپتاپپەرەس سايە چۈشۈرۈپ، پاختا مەھسۇلاتىنىڭ ئېشىشىغا توسقۇن بولىدىغان تۇرسا، پاختا مەھسۇلاتى دېگەن دۆلەت چۈشۈرۈپ بەرگەن پىلان تۇرسا، كىم يەنىمۇ بەكرەك توسۇشقا جۈرەت قىلالايدۇ؟ شۇنداق قىلىپ، يەتتە يېزىدا كىۋەزلىك قىرلىرىغا تىرىلغان، پىشاي – پىشايلا دەپ قالغان ئاپتاپپەرەسلەر پۈتۈنلەي نابۇت قىلىندى. پاختىنىڭ مۇھىملىقىدىن ئىبارەت نۇرلۇق يۇلتۇزنى كۆرگەندە، دېھقانلارنىڭ ئوزۇقلۇق مىيىدىن ئىبارەت ئاجىز شام چىراغ ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ كۆزىگە چېلىقماي قالدى...

كىۋەزلىككە سايە چۈشۈرىدىغان ئاپتاپپەرەسلەر چېپىپ تاشلاندى. لېكىن، كىۋەزلىككە سايە چۈشۈرىدىغان يەنە بىر كاساپەت – ئۈجمە دەرىخىنى كېسىپ تاشلاش ھىچكىمنىڭ يادىغا كەلمىدى. ئۇ يەنىلا كىۋەزلىك قىرلىرىدا سايە – كۆلەڭگە تاشلاپ تۇرىۋەردى. كىرىيە ناھىيە سىيەك يېزىسىدىكى دېھقان x ئاخۇن خۇددى كىيۇرىي خانىمنىڭ رادىئاتسىيە ھادىسىسىنى تۇنجى بايقىغىنىدەك، ئۈجمىنىڭمۇ كىۋەزلىككە سايە چۈشۈرىدىغانلىقىنى بىردىنلا بايقاپ قالدى دىسەك، گېپىمىز ئارتۇق كەتمەس، ئۇ شۇ كۇنى ئۆزىنىڭ ئېتىزلىقىدا تۈنۈگۈنلا قوياشقا بېقىپ، ياشناپ تۇرغان ئاپتاپپەرەسلەرنىڭ سۇلۇپ – سارغىيىپ ياتقانلىقىنى كۆرگەن چىغىدا، «جەڭگىۋار ئەترەت» قىلىچۋازلىرىنىڭ نېمىشقا يەنە بىر سايە تاشلىغۇچى ئۈجمىنى كېسىپ تاشلىمىغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىپ تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ كىچىككىنە چاقچاق قىلغۇسى، شۇ ئارقىلىق كۆڭلىدىكى غۇمنى چىقىرىۋالغۇسى كەلدى. ئۇ نېمىشقىدۇر ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن پالتىنى قولىغا ئېلىپ، خوشنىلىرىنىڭ، كەنت كادىرلىرىنىڭ كۆزىچىلا ھايت – ھۇيت دېگۈچە بىر تۈپ ئۈجمىنى كېسىپ تاشلىدى.  «جەڭگىۋار ئەترەت»نىڭ قىرغىنىدىن كېينمۇ يەنىلا كىۋەزلىككە سايە چۈشۈرۈشكە جۈرەت قىلغان بىر تۈپ كاساپەتنى يوق قىلدى...

- ھاي، ھاي – ھاي، نېمە قىلىق ئەمدى بۇ؟

― بۇمۇ كىۋەزلىككە سايە چۈشۈرىدىكەن ئەمەسمۇ، كىۋەزلىككە سايە چۈشۈرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلاش كېرەك.

- ھەي، بۇ دېگەن ئۈجمە، پىلە قۇرتى باقىدىغان ئۈجمە...

x ئاخۇن كىۋەزلىككە سايە چۈشۈرىدىغان ئاشۇ كاساپەتتىن يەنە بىر قانچە تۈپ كېسىپ تاشلىماقچى، ھەتتا مۇمكىن بولسا ئېتىزلىقنى سايە چۈشۈرىدىغانلارنىڭ زۇلۇمىدىن تەلتۈكۈس ئازاد قىلماقچى ئىدى. لېكىن، كەنت كادىرلىرى ۋە خوشنىلار توسۇپ قالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ خېلىلا مەمنۇن بولدى. ئۇ قورساق كۆپۈكىنى چىقىرىۋالغىنىغا، ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى مۇشۇ يول ئارقىلىق ئىپادىلىگىنىگە مەمنۇن ئىدى.

x ئاخۇننىڭ بىر تۈپ ئۈجمىنى كېسىپ تاشلىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر شۇ كۈنىلا سىيەك يېزا رەھبەرلىرىنىڭ، ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئىشىك – دىرىزىلىرىدىن ئۇچۇپ كىرىپ، ئۇلارنى يۇمشاق ئورۇندۇقتىن خۇددى تىگى تەرەپتىن جۇۋالدۇرۇز تىقىلغاندەك دىككىدە تۇرغۇزىۋەتتى. مۇقەددەس دەرەخنى كېسىشكە جۈرەت قىلغان كىمكەن ئۇ؟ خەپ – خەپ ... شۇنداق قىلىپ، x ئاخۇننىڭ مەھەللىسىگە تەكشۈرگۈچىلەر يىغىپ كەتتى. سوئال – سوراقلار باشلاندى. شاھىت – گۇۋاھچىلار چاقىرتىلدى. x ئاخۇن ياۋاشلىق بىلەن بىر تۈپ ئۈجمىنى كېسىپ تاشلىغانلىقىدىن ئىبارەت كەچۈرگۈسىز جىنايىتىنى بوينىغا ئالدى.

ماڭا مۇشۇ ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن خىزمەتدىشىم: « x ئاخۇن 400 يۇەن جەرىمانە تولەپتۇ» دېدى. بىر ھەپتىدىن كېين كىرىيىدىن كەلگەنلەر « x ئاخۇننى سولاپ كويۇپتۇ» دەپ كەلدى. مەن بۇ گەپلەرنىڭ يالغان ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن. مەن يۇقىرىقى ۋەقەنى بايان قىلىش ئارقىلىق ناھىيىنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى ئىلگىرىدىنلا بولۇپ كەلگەندەك، بۇرۇنقى رەھبەر يولغا قويۇپ كەلگەن ئىشلارنى ئۆزگەرتىش، بۇزۇش، ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ناھىيە قىياپىتىدە تېتىقسىزلارچە يېڭىلىق ياراتماقچى بولغان دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۇرمەكچى ئەمەس، بەلكى دېھقانلاردا پىلە – ئۈجمىچىلىكىنىڭ سۈرىتى، ئۇسۇلى، مەۋجۇت ھالىتىدىن نارازى بولۇش، ئۆزى تىككەن، ئۆزى ئۆستۈرگەن ئۈجمىگە ئىگە بولالماسلىق ھالىتىدىن نارازى بولۇش مەۋجۇت، پۇرسەت تاپسىلا قورساق كۆپۈكىنى چىقىرىۋىلىشقا ئۇرۇنۇش روھىي ھالىتى مەۋجۇت دېمەكچىمەن.

«تومۇ ئۈجمە» دېگىنىمىز ئەنە شۇ. ئۇنى تىكىشكە، ئۆستۈرۈشكە، سورتىنى ياخشىلاشقا رۇخسەتكى، كېسىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. نوتىسىنى كېسىپ يوپۇرمىقىنى ئېلىشقا رۇخسەتكى، ئوتۇن قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سېتىشقا تىېخىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئۇ ئەبەدىلەبەد پىلە بېقىشقا خىزمەت قىلىشى كېرەك.

5. «تۆمۈر مەھسۇلات» توغرىسىدا پاراڭ

«تۆمۈر مەھسۇلات» دېگىنىمىزدە خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيىلەر ئايرىم – ئايرىم ھالدا بىكىتكەن، ھەر بىر قۇتا پىلە قۇرتىدىن ئېلىنىدىغان پىلە غوزىكى بىرلىك مەھسۇلاتىنى نەزەردە تۇتىمىز. دېمەك، بۇ يەردىكى «تۆمۈر مەھسۇلات» ۋىلايەتكە ئەمەس، بەلكى ناھىيىلەرگىلا خاستۇر.

مەن دېھقانلاردىن ۋە ھۆكۈمەت تەرەپ كادىرلىرىدىن بىر قۇتا پىلە قۇرتىنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى قاراقاش ناھىيىسىدە 32 كىلوگرام، خوتەن شەھىرى ۋە خوتەن ناھىيىسىدە 30 كىلوگرام، لوپ ناھىيىسىدە 25 كىلوگرام دەپ بىكىتىلگەنلىكىنى، بەلگىلەنگەن بىرلىك مەھسۇلاتتىن بىر كىلوگرام كەم ھوسۇل ئالغان پىلىكارغا 5 يۇەن جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇم. بىر قۇتا پىلە ئۇرۇقىدىن راستتىنلا 32 كىلوگرام، 30 كىلوگرام، 25 كىلوگرام پىلە غوزىكى مەھسۇلاتى چىقامدۇ؟

«خوتەن گېزىتى» 1994 – يىل 25 – ئىيۇندىكى سانىدا «قاراقاش ناھىيە قاراقاش بازىرى سىزى ئاھالە كومىتىتى پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ مۇئاۋىن سىكرىتارى ھاۋاخان يېرىم قۇتا پىلە قۇرتىدىن 21.6 كىلوگرام ھوسۇل ئالدى...» دەپ خەۋەر قىلدى. بۇ ھېساب بويىچە بىر قۇتا پىلە قۇرتىدىن 43.2 كىلوگرام ھوسۇل چىققان بولىدۇ.

يەنە شۇ گېزىت يۇقىرىقى خەۋەرنى بېرىپ توپتوغرا بىر ئايدىن كېين: «كىرىيە ناھىيە سىيەك يېزا مەكىت كەنت پارتىيە ياچىيكىسنىڭ مۇئاۋىن سىكرىتارى قادىر سەيدى بىر قۇتا پىلە ئۇرۇقىدىن 42.5 كىلوگرام ھوسۇل ئالدى...» دەپ خەۋەر قىلدى.

قاراقاش ناھىيە سايباغ يېزىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆز يېزىسىنىڭ پىلە بىرلىك مەھسۇلاتىنىڭ (1993 – يىل بولسا كېرەك) 33.2 كىلوگرام بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. قاراقاش ناھىيە ياۋا يېزىسىنىڭ رەھبەرلىرى 1994 – يىللىق باھار پىلىسى بىرلىك مەھسۇلاتىنىڭ 36.2 كىلوگرام بولغانلىقىنى تونۇشتۇردى. بۇ گەپلەر زادى راستمۇ؟

مەن ئالدىنقى ئىككى مىسالغا قاراپ، پىلە قۇرتى دېگەننىڭ ئەمەل – مەنسەپكە چوقۇنۇش ئىدىيىسى بەك كۈچلۈك بولسا كېرەك، ئۇ پەقەت كەنت سىكرىتارلىرىنىڭ ئۆيىدىلا بەك ئاينىيدىكەن، 40 كىلوگرامدىن ئارتۇق ھوسۇل بېرىدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. كاللامدا يەنە ئەگەر بىر قۇتا پىلە قۇرتى يېزا باشلىقلىرىنىڭ ئۆيىدە بېقىلغان بولسا، 50 كىلوگرامدىن ئارتۇق، ناھىيە باشلىقلىرىنىڭ ئۆيىدە بېقىلغان بولسا، 60 كىلوگرامدىن ئارتۇق، ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆيىدە بېقىلغان بولسا، 80 كىلوگرامدىن ئارتۇق، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ ئۆيىدە بېقىلغان بولسا، 100 كىلوگرامدىن ئارتۇق ھوسۇل بېرەتتىكەن دېگەن تەسەۋۋۇرمۇ پەيدا بولدى. چۇنكى، «خوتەن گېزىتى» 1994 – يىل ئىچىدە ئادەتتىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە بىر قۇتا پىلە ئۇرۇقىدىن 25 كىلوگرامدىن ئارتۇق ھوسۇل ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا بىر قېتىممۇ خەۋەر بېرەلمىدى ئەمەسمۇ؟

مەن كېينكى ئىككى مىسالغا قاراپ ئولتۇرۇپ خوتەندىكى داڭلىق خەلق ناخشىچىسى ھاپىزنىڭ ناخشىلىرىدىكى:

«بۇغدايدا كەملىسىمۇ قوناقتا بەك ئاشتى،

تاغاردا بولمىسىمۇ ھۋسابتا بەك ئاشتى.»

دېگەن مىسرالارنى يادىمغا ئالدىم. قاراقاش ناھىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى پىلە ئىشلەپچىقىرىشتا شۇنچىۋالا پاسسىپمۇ؟ سايباغ يېزىسى بىلەن ياۋا يېزىسىدا پىلە بىرلىك مەھسۇلاتى 33 كىلوگرامدى، 36 كىلوگرامدىن ئېشىپ تۇرسا، ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئارقىغا داجىپ پىلە بىرلىك مەھسۇلاتىنى 32 كىلوگرام دەپ بىكىتىدۇ؟ ياكى ھېلىقى ئىككى يېزا رەھبىرىنىڭ تونۇشتۇرغىنى قوشاقتا ئېيتىلغاندەك «تاغاردا بولمىسىمۇ ھېسابتا بەك ئاشتى» مۇ – يا؟

بىر قۇتا پىلە ئۇرۇقىدىن راستتىنلا 32 كىلوگرام، 30 كىلوگرام، 25 كىلوگرامدىن پىلە غوزىكى مەھسۇلاتى چىقامدۇ؟

ھۆكۈم قىلىشتىن ئىلگىرى يەنىلا ئەمەلىي مىساللارغا قاراپ باقالى:

لوپ ناھىيە ھاڭگىيا يېزا پاڭ كەنتىدىكى مەتتوختى ئاخۇن 1993 – يىلى 4 قۇتا پىلە قۇرتى باققان بولۇپ، 60 جىڭ پىلە غوزىكى يىغىۋالغان.

لوپ ناھىيە چاھارباغ يېزا باش سوغاققۇم كەنتىدىكى تۇردى ئاخۇن 1994 – يىلى بىر قۇتا پىلە قۇرتى بېقىپ 15 كىلوگرام ھوسۇل ئالغان.

كىرىيە ناھىيىسىدىكى دوستۇم x نىڭ خوشنىسى ئابابەكرى ئاخۇن تاماق ئۆزىنىڭ ئۈجمە يوپۇرماقلىرى يېتىشمىگەنلىكتىن باشقىلاردىن 87 يۇەنلىك يوپۇرماق سېتىۋىلىپ بىر قۇتا پىلە قۇرتى باققان. قۇرتلار ئاق قېتىش كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن، ئاخىرىدا ئۈچ كىلوگرام ھوسۇل ئالغان، كىرىيە ناھىيىسىدە بىر قۇتا پىلە قۇرتىنىڭ سېتىلىش باھاسى 21 يۇەن بولۇپ، پىلە ساتقان پۇل ئاران ئۇرۇقلۇق پۇلىغا تەڭلەشكەن. ئىش ھەققى، يوپۇرماق پۇلى ئۇچۇپ كەتكەن. خوتەن ناھىيە باغچى بازىرى كا مەھەللىدىكى 54 ئائىلە ئىچىدە پەقەت ئۈچلا ئائىلە پىلە مەھسۇلاتى ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغان. ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمىغان 51 ئائىلىگە كەملەتكەن ھەر كىلوگرام پىلە غوزىكى ئۈچۈن بەش يۇەندىن جەرىمانە تۆلەشكە توغرا كەلگەن. يەنە تېخى كۈزلۇك پىلە بېقىش ئارقىلىق يېزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش بۇيرۇلغان. ئاشۇ كا مەھەللىدىكى خاسىيەتخان ئوغۇل – كىلىنلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىككى قۇتا پىلە قۇرتى باققان، ھەر بىر قۇتا ئۇرۇقنى 28 يۇەندىن ئالغان بولۇپ، بېقىش جەريانىدا قۇرتلار پۈتۈنلەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن كەملەپ كەتكەن 60 كىلوگرام پىلە غوزىكى ئۈچۈن 300 يۇەن جەرىمانە تۆلىگەن. يەنە شۇ كا مەھەللىدىكى تۇراخاننىڭ قۇرتخانىسى بولمىغانلىقتىن ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان ئۈچ مىسقال قۇرت ۋەزىپىسىنى ھەر مىسقىلى ئۈچۈن 10 يۇەندىن پۇل تۆلەپ قوشنىسى ئەزىز ئاخۇنغا بېقىۋىلىشقا بەرگەن. ئەزىز ئاخۇن ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغىنى بىلەن قوشۇپ بىر يېرىم قۇتا قۇرت باققان. ئاخىرىدا 21 كىلوگرام مەھسۇلات چىقىپ، كەملىگەن 24 كىلوگرام مەھسۇلاتقا جەرىمانە تۆلەشكە توغرا كەلگەن. ئەزىز ئاخۇن تۇراخانغا «بۇنىڭ ئىچىدە سىللىنىڭ ۋەزىپىلىرىگە تەئەللۇق جەرىمانىمۇ بار، شۇڭا سىلى بىر قىسىم جەرىمانىنى تۆلىشىپ بەرسىلە» دېگەن. تۇراخان رەت قىلغان. قوشنىلار ئارىسىدا ئارازلىق پەيدا بولغان.

خوتەن شەھەر شورباغ يېزا شورباغ كەنتىدىكى ئاتاۋۇللاخۇن 1994 -  يىلى يېرىم قۇتا باھار پىلىسى باققان. ئاخىرىدا 10 كىلوگرام ھوسۇل چىقىپ بەش كىلوگرام كەملىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پۈتۈن شورباغ كەنتىگە 4800 يۇەن جەرىمانە كەلگەن...

بۇنداق مىساللارنى كەلتۈرۈشنى ئەمدى توختىتايلى، خاتىرەمدە يەنە يۈز نەچچە ئادەمنىڭ پىلە قۇرتى بېقىپ مۇشۇنداق «تۆمۈر مەھسۇلات» ئالالمىغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بەرىبىر 32 كىلوگرام، 30 كىلوگرام، 25 كىلوگرام ھوسۇل ئالغىلى بولمايدۇ، دېگەن گەپنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. بىرلىك مەھسۇلاتنىڭ زادى قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى باشقا يەردىن ئىزدەپ كۆرەيلى.

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1994 – يىل 14 – سىنتەبىردىكى سانىدا ئاپتونوم رايونىمىزدا شۇ يىلى تارقىتىلغان 183 مىڭ 700 قۇتا باھار پىلىسى ئۇرۇقىدىن 3 مىليون 500 مىڭ كىلوگرام پىلە ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى. دېمەك، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىك مەھسۇلات 19.05 كىلوگرام بولغان بولىدۇ. خوتەن ۋىلايىتىدە 1994 – يىلى 128 مىڭ قۇتا باھار پىلىسى بېقىلغان بولۇپ، 2 مىليون 700 مىڭ كىلوگرام ھوسۇل ئېلىنغان. دېمەك، خوتەن ۋىلايىتىدە بىرلىك مەھسۇلات 21.09 كىلوگرام بولغان بولىدۇ.

لوپ ناھىيىسىدە 1994 – يىلى بېقىلغان 48 مىڭ 48 قۇتا پىلە قۇرتىدىن 1 مىليون 1590 كىلوگرام ھوسۇل ئېلىنغان. دېمەك، لوپ ناھىيىسىنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى 20.8 كىلوگرام بولغان بولىدۇ.

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ 1995 – يىللىق پىلە بېقىش پىلانىدا 52 مىڭ 500 قۇتا پىلە قۇرتى بېقىپ 1100 توننا پىلە مەھسۇلاتى ئېلىش كۆزلەنگەن. گەرچە بۇ تاغاردىكى مەھسۇلات ئەمەس، ھېسابتىكى سان بولسىمۇ، ھەقىقەتەن شۇ پىلان ئىشقا ئاشۇرۇلدى دەپ قارالغاندا، ئۇنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى 20 كىلوگرامدىن ئارتۇقراق بولغان بولىدۇ.

چىرا ناھىيىسىنىڭ چىرا يېزىسى 1993 – يىلى 8455 قۇتا پىلە قۇرتى بېقىپ 117 مىڭ 710 كىلوگرام ھوسۇل ئالغان. بىرلىك مەھسۇلاتى 15.1 كىلوگرامدىن توغرا كەلگەن.

لوپ ناھىيىسىنىڭ يۇرۇڭقاش بازىرى 1994 – يىلى 1400 قۇتا باھار پىلىسى باققان بولۇپ، 25 توننا ھوسۇل ئالغان. («خوتەن گېزىتى» «25 مىڭ توننا ھوسۇل ئالدى...» دەپ خەۋەر قىلدى. مەن 25 مىڭ توننا ئەمەس، 25 توننا بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلدىم )، بۇنداقتا بىرلىك مەھسۇلاتى 17.8 كىلوگرامدىن بولغان بولىدۇ.

يۇقىرىقى سان – سىفىرلار يېتەرلىكمۇ؟ ئاپتونوم رايوننىڭ، ۋىلايەتنىڭ، ھەر قايسى ناھىيىلەرنىڭ، يېزىلارنىڭ پىلە بىرلىك مەھسۇلاتى 22 كىلوگرامغا يەتمىگەن تۇرۇقلۇق، ناھىيىلەر نېمە ئۈچۈن بىرلىك مەھسۇلاتنى 32 كىلوگرام، 30 كىلوگرام، 25 كىلوگرامدىن ئىبارەت «تۆمۈر مەھسۇلات» قىلىپ بېكتىدۇ ؟ نېمىشقا بۇ ئۆلچەمدىن كەملىگەن ھەر بىر كىلوگرام پىلە ئۈچۈن بەش يۇەندىن جەرىمانە ئېلىنىدۇ؟ بۇ قاراپ تۇرۇپ، ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ، دېھقانلارنى تەتۇر قىينىغانلىق ئەمەسمۇ؟

مەن قاراقاش ناھىيىسىنىڭ زاۋا يېزىسىدىكى پىلە ئۇرۇقچىلىق زاۋۇتىنىڭ تېخنىكىدىن ئەھۋال ئۇقۇشقىنىمدا ئۇ ماڭا: «بىر دانە پىلە كىپىنىكى 350تىن 400 دانىگىچە ئۇرۇق چىچىدۇ، بىر قۇتا ئۇرۇقتا 22 مىڭدىن 23 مىڭ دانىغىچە قۇرت بولىدۇ، ياخشى بېقىلغان بىر قۇتا پىلە ئۇرۇقىدىن 25 كىلوگرامغىچە پىلە غوزىكى چىقىدۇ...پ» دەپ جاۋاب بەردى.

خوتەن يىپەكچىلىك فابرىكىسىدىكى بىر تېخنىك: «بىر تال پىلىنىڭ ئېغىرلىقى 0.7 گرامدىن 1.5 گرامغىچە بولىدۇ. بىر تال پىلىدىن 500 مىتىر ئۇزۇنلۇقتا يىپەك سوزغىلى بولىدۇ...» دەپ ئەھۋال تونۇشتۇردى. ئەگەر ئاشۇ 0.7 گرامدىن 1.5 گرامغىچە بولغان پىلە ئېغىرلىقىنىڭ ئوتتۇرىچە سانى 1.1 نى ھېلىقى بىر قۇتا ئۇرۇقتىكى 22 مىڭدىن 23 مىڭغىچە بولغان قۇرت سانىنىڭ ئوتتۇرىچە سانى 22 مىڭ 500 گە كۆپەيتسەك، دەرھال 24.750 كىلوگرام دېگەن سانغا ئېرىشىمىز. بۇ زاۋا پىلە ئۇرۇقچىلىق زاۋۇتىدىكى تېخنىك يىگىتنىڭ توغرا ئېيتقانلىقىنى، ھەر بىر قۇتا پىلە قۇرتىدىن ياخشى بېقىلغاندا 25 كىلوگرامغىچە ھوسۇل چىقىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئىلمىي يەكۈن ئەنە شۇنداق ئىكەن ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ناھىيىلەرنىڭ پىلە بىرلىك مەھسۇلاتىنى 32 كىلوگرام، 30 كىلوگرام، 25 كىلوگرام قىلىپ بەلگىلەيدۇ؟ پىلە قۇرتىنىڭ ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى، ئاق قېتىش كېسەللىكىگە، بوۋا بولۇپ قېلىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ تەسىر قىلىش مۇمكىنلىكىنى ھېسابقا ئالمايدۇ؟ روشەنكى، بۇنداق «تۆمۈر مەھسۇلات» ئۆلچىمى ئاشۇ ناھىيە باشلىقلىرىنىڭ ئىلىم – پەن كۆز قارىشىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلكىنى، ئىلمىي ئۇسۇلدا تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۇرىدۇ.

بىر دېھقان ماڭا: «پىلە قۇرتى دېگەن ھەلەپ – بوغۇزنى كۆپ بېرىپ بوردىغىلى بولىدىغان قوي – كالا ئەمەس ئىكەن، شۇنداقلا ئوغۇتنى كۆپ تۆكۈپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرغىلى بولىدىغان زىرائەت ئەمەس ئىكەن...» دېدى. «تۆمۈر مەھسۇلات» بەلگىلىگەن ئاشۇ ناھىيە رەھبەرلىرى مۇشۇنچىلىك قانۇنىيەتنى بىلسە، چۈشەنسە قانچىلىك ياخشى بولاتتى – ھە!

يۇقىرىدا كەلتۈرۈلگەن پاكىت ۋە مۇلاھىزىلەردىن پىلە قۇرتىنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتىنى «تۆمۈر مەھسۇلات» ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈشنىڭ قىيىنلىقىنى، ئۆلچەمگە يەتكۈزەلمىگەن دېھقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بىز ئاخىرىدا خۇلاسە تەرىقىسىدە «تۆمۈر مەھسۇلات» دېگەن ئاتالغۇغا ئېنىقلىما بېرىپ باقايلى.

«تۆمۈر مەھسۇلات» دېگىنىمىز ناھىيىلەر ئالدىن بەلگىلىگەن، بەلگىلەنگەن مىقتاردىن كەملەتكىلى بولمايدىغان، بەلگىلەنگەن زاۋۇتقا سېتىلىدىغان، يېزا رەھبەرلىرى پىلە ساتقانلىق ھەققىدىكى تالون – ھۇججەتنى بىر – بىرلەپ تەكشۈرۈپ، ھېسابلاپ ئۆتكۈزىۋالىدىغان، بەلگىلەنگەن مىقتارغا يەتمىسە جەرىمانە قويۇلىدىغان ياكى باشقا جايلاردىن قىممەت باھادا سېتىۋالغۇزۇپ، ئەرزان ئوتكۆزىدىغان پىلە مەھسۇلاتىدۇر.

«تۆمۈر مەھسۇلات» ئېنىقلىمىسىدىكى بەزى گەپلەرنى ئالدىنقى بابلار چۈشەندۈرسە، يەنە بەزى گەپلەرنى كېينكى بابلاردىكى پاكىتلار چۈشەندۈرىدۇ. «تۆمۈر مەھسۇلات» نىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ جەرىمانىگە ھامىلدارلىقىدۇر. بىز تۆۋەندە خوتەنلىكلەرنى قاڭغىر – قاقشاتقان جەرىمانە ئۇستىدە توختىلىپ كۆرەيلى.

6. ئەل بىزار جەرىمانە

پىلىچىلىكتىن ئىبارەت مۇشۇ بىر تۈردە خوتەن دېھقانلىرىدىن ئېلىنغان جەرىمانە قانچىلىك؟

دېھقانلار ۋە كادىرلار ئاپتورغا ئېتىز – ئېرىق قىرلىرىدىكى باشقا دەرەخلەرنى چىقىرىۋەتمىگۈچىلەردىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۈجمە كۈچىتى سالمىغۇچىلاردىن، ئۈجمە كۈچىتىنى ئۇلاپ سورتىنى ياخشىلىمىغۇچىلاردىن، پىلە قۇرتى ئۈچۈن مەخسۇس ئۆي – قۇرتخانا سالمىغۇچىلاردىن، قۇرتخانىنى ۋاقتىدا پۈتكۈزمىگۈچىلەردىن، قۇرتخانا ئىچىگە تېمپېراتۇرا تەڭشىگۈچى ئوچاق سالمىغۇچىلاردىن، سۆچەك ياساپ، ئۈستىگە سىچۇەندە توقۇلغان بامبۇك سىۋەت قويمىغۇچىلاردىن، بامبۇك سىۋەتنى تۆتتىن كەم سىتىۋالغۇچىلاردىن، قۇرتخانىغا خالىغانچە بورا ياكى يەرلىكتە ئىشلەنگەن سىۋەت قويغۇچىلاردىن، پىلە قۇرتىنى قۇرتخانىغا ئېلىپ كىرىشتىن ئىلگىرى قۇرتخانا تىگىدىكى توپىنى ئالماشتۇرمىغۇچىلاردىن، دىزىنفىكسىيە دورىسى تەييارلىمىغۇچىلاردىن، دىزىنفىكسىيە قىلمىغۇچىلاردىن، تېمپېراتۇرا تەڭشىگۈچى ئوچاققا ئوتۇن تەييارلىمىغۇچىلاردىن، تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچى سايمانلارنى سىتىۋالمىغۇچىلاردىن، پىلە قۇرتىدا ئۆلۈم – يېتىم سادىر قىلغۇچىلاردىن، پىلە مەھسۇلاتىنى «تۆمۈر مەھسۇلات» ئۆلچىمىدىن كەملەتكۈچىلەردىن، پىلىنى ۋاقتىدا ساتمىغۇچىلاردىن، بەلگىلەنگەن زاۋۇتقا ساتمىغۇچىلاردىن، پىلە ساتقانلىق ھەققىدىكى تالۇن – ھۆججەتنى ۋاقتىدا يېزا باشلىقىغا تاپشۇرمىغۇچىلاردىن جەرىمانە ئېلىنىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەدرى.

شۇنچىۋالا تۈردىن ئېلىنغان جەرىمانە زادى قانچىلىك؟ مەن بۇ يەردە خاتىرەمدىكى سان – سىفىرلارنى ئاختۇرۇپ يۈرۈشنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. پەقەت خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى جۈرەت مەمتىمىننىڭ 1994 – يىل 18 – دېكابىردا سۆزلىگەن «ئۈچ قالايمىقان»نى چەكلەش توغرىسىدىكى تىلىۋىزىيە نۇتقىدىن بىر مىسالنى نەقىل كەلتۈرىمەن.

«مەلۇم بىر ناھىيە، مەلۇم بىر كەنتتە خاس پىلىدىن ئىبارەت بىر تۈردىلا 189 مىڭ يۇەن جەرىمانە ئېلىنغان. بۇ ھەر بىر ئائىلىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 448 يۇەندىن توغرا كەلگەن. بەزى دېھقانلار جەرىمانە تاپشۇرۇشقا پۇل تاپالمىغاندا، كەنت كادىرلىرى ئۇلارنىڭ قويلىرىنى مەجبۇرىي ساتقۇزۇپ جەرىمانە پۇلى ئالغان.»

بۇ مىسالغا مۇلاھىزە – تەھلىل لازىم ئەمەس. شۇنداقتىمۇ بىز ئاشۇ كەنتتىكى ھەر بىر ئائىلنىڭ پىلە سېتىشتىن تاپقان كىرىمى ئاشۇ 448 يۇەن جەرىمانىنىڭ يېرىمىغا تەڭلىشەمدۇ؟ ئاشۇ يېزىلاردا، ئاشۇ كەنتتە كىشىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 448 يۇەنگە يېتەمدۇ، دەپ سوئال قويماي تۇرالمايمىز.

ئاشۇ كۇنى مېنىڭ بىلەن بىللە تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ جۈرەت ۋالىينىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋاتقان بىر قوشنام «ھۇ، چوشقىنىڭ پوقىنى يېگەن ئەبلەخلەر!...» دەپ تىللىدى. مېنىڭ گال – بوغۇزۇم ئېچىشىپ، كۆز چاناقلىرىمغا ئىسسىق ياش تولدى. بىر ھازادىن كېين ھېلىقى قوشنامغا قارىسام، ئۇ ئوپكىدەپ يىغلاۋىتىپتۇ، ۋۇجۇدى ياپراقتەك تىترەپ كېتىپتۇ. كىم يىغلىمىسۇن؟ ئاشۇ 448 يۇەن جەرىمانىنىڭ سالمىقىنى چۈشەنگەن، دېھقانلارنىڭ ھالىغا ئېچىنغان ھەر بىر ئادەم چوقۇم ئاشۇ كۈنى ياش تۆكتى. ئويلاپ كۆرەيلى، بىز ئاشۇ دېھقانلارنىڭ جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇر بولغان چاغدىكى ئۈمىدسىز ھالىتىنى، غەملىك قاراشلىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە كۆزىمىزگە ياش ئالماي قالمايمىز.

ئاشۇ مۇز تەلەت، باغرى تاش جەرىمانىچىلەر بىچارە دېھقاننىڭ قوي – ئۆچكىسىنى، مىڭبىر جاپادا ئەتتۈرگەن كىگىز ۋە بوز گىلىمىنى سۆرەپ ماڭغاندا، پەرزەنتلىرىگە كىيىم – كىچەك، دەپتەر – قەلەم ئېلىپ بېرىش، ئوقۇش پۇلىنى تۆلەش ئۈچۈن ئىچ يانچۇقىدا ساقلاۋاتقان ئازراق پۇلىنى ئېلىۋالغاندا ئۇنىڭ قەلبى، يۈرەك باغرى نېمىلەر بولۇپ كەتكەندۇ؟ ئاھ، يەر قاتتىق، ئاسمان يىراق، جان تاتلىق، ئۆلۈم ئاچچىق...

مەركەز، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە ۋىلايەت قايتا – قايتا ھۆججەت چىقىرىپ، سىياسەت جاكارلاپ «ئۇچ قالايمىقان»نى توسۇپ، چەكلەپ تۇرسا، يەنىلا يۇرتداشلىرىغا قالايمىقان، خالىغانچە جەرىمانە قويۇپ، ئۇلارنى قاڭقىر – قاقشاتقان ئاشۇ ئادەملەر ئەبلەخ بولماي زادى نېمە؟ ئۇلاردا ئېشەكچىلىك ئەقىل ۋە ئىنساب بارمۇ؟

بىز ئۆزىمىزنى سەل تۇتۇۋالايلى، ئۆزىمىزنى، غەزىپىمىزنى، نەپرەت – لەنەتلىرىمىزنى بېسىۋىلىپ ئويلاپ كۆرسەك، خوتەنلىكلەرنىڭ پىلدىن ئىبارەت مۇشۇ بىر تۈردىلا تۆلىگەن جەرىمانىسىنى ھېسابلاپ چىقالايمىز.

جۈرەت ۋالىي نەقىل كەلتۈرگەن ئاشۇ مىسالدىن 189 مىڭ يۇەن جەرىمانە تۆلىگەن ھېلىقى كەنتتە 421 دېھقان ئائىلىسى بارلىقىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ.

ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ يەنە بىر ماتېرىيالىدا: «خوتەن ۋىلايىتىدە نۇقتىلىق يار – يۆلەك بولۇشقا تېگىشلىك 76 مىڭ 77 نامرات ئائىلە، 285 مىڭ 110 نەپەر نامرات كىشى بار، بۇ ئومۇمىي يېزا ئائىلىسىنىڭ ۋە نوپۇسنىڭ 27 پىرسەنتىنى ۋە 24 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ» دپ كۆرسىتىلدى.

بىز بۇنىڭدىن خوتەن ۋىلايىتىدىكى دېھقان ئائىلىسىنىڭ 281 مىڭ 766 ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىقالايمىز.

بىز ئەگەر جۈرەت ۋالىي مىسالغا ئالغان ھېلىقى 448 يۇەن جەرىمانىنى خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئەڭ يۇقىرى جەرىمانە دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە سانىنى ئېلىپ، ئومۇمىي دېھقان ئائىلىسىگە كۆپەيتسەك خوتەن دېھقانلىرى تۆلىگەن جەمئىي جەرىمانە پۇلىنىڭ ئوتتۇرىچە سانى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ تۆۋەندىكى غايەت چوڭ سان: 63 مىليون 115 مىڭ 584 يۇەن!

1994 – يىلىدا پىلە قۇرتى بېقىپ 37 مىليون يۇەنگە پىلە غوزىكى ساتقان خوتەن دېھقانلىرى 63 مىليون 115 مىڭ 584 يۇەن جەرىمانە تۆلىگەن. پەقەت پىلە باققانلىقى ئۈچۈنلا!

پىلە غوزىكى ساتقان 37 مىليون يۇەننى جەرىمانىگە تۆلىگەندىن باشقا يەنە چونتىكىدىن 26 مىليون 155 مىڭ 584 يۇەن چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان. پەقەت پىلە باققانلىقى ئۈچۈنلا!

ئەمدى بۇنىڭغا كۈلەمدۇق ياكى يىغلامدۇق؟!

بىز ئۆزىمىزنى «بەكلىم دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ يېرىمى جەرىمانە تۆلىمىگەندۇر» دېگەن گەپكە (گەرچە پىلىچىلىك تۈرىدە جەرىمانە تۆلىمىدىم، دېگەن بىرمۇ دېھقاننى ئۇچرىتىشقا مۇيەسسەر بولالمىغان بولساممۇ) ئىشەندۈرۈپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭمۇ، ئۇلار تۆلىگەن جەرىمانىنىڭمۇ ئوتتۇرىچە سانىنى ئېلىپ، ھېسابلاپ كۆرسەكمۇ يەنىلا خوتەننىڭ سىرتىدىكى ئادەملەر ئىشەنمىگۈدەك زور سانغا ئېرىشىمىز: 31 مىليون 557 مىڭ 792 يۇەن!

1994 – يىلى 3 مىليون 770 مىڭ كىلوگرام پىلە غوزىكى ئىشلەپ چىقارغان خوتەن دېھقانلىرىنى 37 مىليون يۇەنگە پىلە غوزىكى ساتتى، 175 مىڭ قۇتا پىلە قۇرتى ئۇرۇقىنى 20 يۇەن باھا بويىچە (ھەر قايسى ناھىيىلەر پىلە قۇرتى ئۇرۇقىنى پىلە ئۇرۇقچىلىق پونكىتىدىن 14 يۇەن 30 پۇڭدىن سېتىۋىلىپ، دېھقانلارغا 20 يۇەن، 21 يۇەن، 24 يۇەن، 28 يۇەندىن سېتىپ بېرىپتۇ، ئۇلارنىڭ پىلە قۇرتى ئۇرۇقىنىڭ باھاسىغا نېمە ئۈچۈن پۇل قوشىۋالغانلىقىنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ) جەمئىي 3 مىليون 500 مىڭ يۇەنگە سېتىۋالدى دەپ ھېسابلىساق، دېھقانلارنىڭ باشقا چىقىملىرىنى نەزەرگە ئالمىساق، خوتەن دېھقانلىرى بىر يىل پىلە بېقىپ ھېچنېمىگە ئېرىشمىگەن، دېھقانلارنىڭ ئۆز سۆزى بويىچە ئېيتقاندا «مۇت»قا ئىشلىگەن بولىدۇ. ئەمدى بۇنىڭغا يىغلامدۇق ياكى كۈلەمدۇق؟ قاراپ باقايلى، 63 مىليون 115 مىڭ 584 يۇەن نەقەدەر چوڭ سان – ھە! بۇ بىر يېرىم مىليونلۇق خوتەن نوپۇسىغا 42 يۇەندىن ئارتۇقراقتىن توغرا كېلىدۇ! بۇ خوتەندىكى تېخى بۆشۈكتىن چىقمىغانلار ۋە تۆشۈككە يېقىنلاشقانلار قوشۇلۇپ ھەر بىر ئادەم 42 يۇەندىن ئارتۇقراق جەرىمانە تۆلىدى دېگەن گەپ! پىشانىسىگە دېھقان بولۇش پۈتۈلگەن ھەر بىر ئائىلە 224 يۇەندىن جەرىمانە تۆلىدى دېگەن گەپ!

مانا بۇ پىلە – ئۈجمىچىلىكىنى كەشپ قىلغان، جاھانغا پىلە – يىپەكچىلىك مەدەنىيىتىنى تەقدىم قىلغان خوتەنلىكلەرنىڭ شۇنچە كۆپ پىلە غوزىكى ئىشلەپ چىقارغان تۇرۇقلۇقمۇ يەنىلا نامرات پېتى قىلىۋەرگەنلىكىنىڭ سەۋەبى! مانا جاھانغا قاتمۇ قات پايانداز سېلىشقا مۇمكن بولغۇدەك نۇرغۇن زىلچا – گىلەم ئىشلەپ چىقارغان، جاھاندىكى بارلىق قىزلارنىڭ بوينىغا قاشتىشى، زۇننار ئېسىشقا يەتكۈدەك نۇرغۇن قاشتىشى قازغان، «ئاشلىق مەھسۇلاتىنى، پاختا مەھسۇلاتىنى، مېۋە – چىۋە مەھسۇلاتىنى يىلمۇ يىل ئاشۇرغان» خوتەنلىكلەرنىڭ نامرات پېتى قىلىۋەرگەنلىكىنىڭ سەۋەبى!

3 – ئومۇمىي يىغىندىن كېين يېزىلاردا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ يەرلەر ئائىلىلەرگىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەندە، خوتەن دېھقانلىرىنىڭ شادلىقتىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. «ئەمدى روناق تاپىدىغان بولدۇق» دەپ ئويلاپ پاختىسى تۆت چىشلىق بولغان ئىدى. ئەمما، ئارىدىن ئون يىل ئۆتمەي، 80 – يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، خوتەن يېزىلىرىدا :

«موتو مىنگەننىڭ يېرى يوق،

 تار يوپكا كىيگەننىڭ ئېرى يوق»

دېگەن قوشاق چىقتى. بۇ يەر ئالمىغان، دېھقانچىلىق قىلمىغانلار بېيىپ موتسىكلىت مىنگۈدەك بولدى دېگەن گەپ. دېھقانچىلىق قىلغانلار راستتىنلا بېيىيالمىدى. ئۇلارنى بېيىغىلى، روناق تاپقىلى قويمىغىنى ئەنە شۇ جەرىمانە!

يەنە ئويلاپ كۆرەيلى، ئەگەر پىلچىلىكتىن ئىبارەت بىر تۈردىلا شۇنچە جىق جەرىمانە تۆلىگەن خوتەن دېھقانلىرى پاختىچىلىق تۈرىدە، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدە ۋە باشقا تۈرلەردە يەنە قانچىلىك جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇر بولغاندۇ؟ جەرىمانە ئۈستىگە جەرىمانە قاتلىنىپ تۇرسا، بىچارە بېيىيالامدۇ؟ خۇداغا شۈكۈر، ھۆكۈمەت گۆش ۋە باشقا چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى قويۇۋىتىپ ياخشى قىلغان ئىكەن، بولمىسا، بۇ تۈرگە كېلىدىغان جەرىمانە دېھقاننىڭ تىرىسىنىمۇ شۇلۇۋالار ئىكەن.

خوتەن ناھىيىسىدىكى دېھقان روزى ئىسمايىل: «دېھقان دېگەن بىدىگە ئوخشايدىكەن، سەل ئۆسۈپ كەتسە ئورۇيدىكەن، يەنە ئۆسسە يەنە ئورۇيدىكەن» دېدى. خوتەن شەھىرىدىكى كۆكتاتچى دېھقان مەمتىمىن توختى: «دېھقان دېگەن كۈدىگە (جۇسەيگە) ئوخشايدىكەن، سەل ئۆسسە ئورۇيدىكەن، يەنە ئۆسسە يەنە ئورۇيدىكەن» دېدى.

نېمىدېگەن ئوبرازلىق، نېمىدېگەن ھەسرەتلىك ئوخشىتىش – ھە!؟ دېھقاننى ئۆسكىلى قويمىغىنى، ئەتلەنگىلى قويمىغىنى، بېيىپ – روناق تاپقىلى قويمىغىنى ئەنە شۇ ئەل بىزار جەرىمانە!

خوتەننىڭ پىلە – ئۈجمىچىلىك ئىشلىرىنى قانچە پىششىق بىلگەنسىرى، قانچە چوڭقۇر چۈشەنگەنسىرى كىشىدە «تۆمۈر مەھسۇلات» ئۆلچىمى پەقەت جەرىمانە ئېلىش ئۈچۈنلا تۈزۈلگەنمىدىكىن، پىلىچىلىك تۈرى پىلە ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى جەرىمانە ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغانمىدىكىن، دېگەن تەسىرات پەيدا بلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق خاتا تەسىراتنى ئاشۇ جەرىمانىچىلەر پەيدا قىلغانلىقىنى ئەستە تۇتۇش لازىم.

ئۇنداقتا ھەممە ناھىيە، ھەممە يېزا ئوخشاشلا جەرىمانىچىلىك بىلەن شۇغۇللاندىمۇ؟ بۇ يەردە ئادىل گەپ قىلىش كېرەك، لوپ ناھىيىسى 94 – يىللىق پىلىچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا «تۆمۈر مەھسۇلات» ئۆلچىمىگە يېتەلمىگەنلەردىن ئېلىنىدىغان بەش يۇەن جەرىمانىنى ئالماسلىقنى تەلەپ قىلدى. ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئادەم ئەۋەتىپ يېزا – كەنتلەرنىڭ جەرىمانە ئالغان – ئالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇردى. جەرىمانە ئالغان يېزا – كەنتلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇدى. لوپ ناھىيىسى 1994 – يىلى ناھىيىلىك ئىدارە – جەمئىيەتلەردىن پىلىچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تۇتۇشقا 278 نەپەر كادىر ئاجرىتىپ، ھەر بىر كەنتكە بىردىن كادىرنى مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتتى. بۇلاردىن پەقەت 24 ئادەم تۇرغان كەنتنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتىلا ناھىيىنىڭ «تۆمۈر مەھسۇلات» ئۆلچىمىگە تەڭلەشكەن ياكى ئاشقان (لوپ ناھىيىسى ئاشۇ 24 نەپەر كادىرنىڭ كاماندىروپكا راسخوتىنى بەرگەن. قالغان 234 ئادەم كەنتنىڭ پىلە بىرلىك مەھسۇلاتىنى «تۆمۈر مەھسۇلات» ئۆلچىمىگە يەتكۈزەلمىگەنلىكى ئۈچۈن كاماندىروپكا راسخوتى ئالالمىغان. مەن كېينرەك ئۇلارنى ئۆلچەمنى 24 كىلو 200 گرامغا چۈشۈرۈپتۇ دەپ ئاڭلىدىم، لېكىن راست – يالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە پۇرسەت بولمىدى)، ئۇلار ئېھتىمال مانا شۇ پاكىتنى – پىلە بىرلىك مەھسۇلاتىنى 25 كىلوگرامغا يەتكۈزۈش ياكى ئاشۇرۇشنىڭ تەسلىكىدىن ئىبارەت پاكىتنى ئېتىراپ قىلغان بولسا كېرەك. لوپ ناھىيىسىنىڭ جەرىمانىچىلىكنى توسۇش تىرىشچانلىقىنىڭ قانچىلىك ئۈنۈم بەرگەنلىكىدىن، يېزا – كەنتلەردە ئېلىنغان جەرىمانە پۇلىدىن قانچىلىكىنى دېھقانلارغا قايتۇرغان – قايتۇرمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، لوپ ناھىيىسىنىڭ بۇ ئىشىنى ياخشى ئىش دېمەي بولمايدۇ. ۋەھالەنكى، شۇ ناھىيىنىڭ ئايرىم يېزا – كەنتلىرىنىڭ پىلە مەھسۇلاتىنى «تۆمۈر» ئۆلچەمدىن كەملەتكەن ئائىلىلەرنى باشقا جايلاردىن قىممەت باھادا پىلە ئالغۇزۇپ ۋەزىپىسىنى ئورۇنداتقۇزغانلىقى – بۇ باشقا ئىش.

بۇ يەردە يەنە كىچىككىنە قىستۇرما قوشۇپ كېتەيلى.

 سەن «تۆمۈر مەھسۇلات» بەلگىلەپ، خەلقتىن خالىغانچە جەرىمانە ئالماقچى بولساڭ، خەلقمۇ خىلمۇ خىل چارە – ئاماللارنى تېپىپ ساڭا تاقابىل تۇرىدۇ. 1994 – يىلى كۈزدە قاراقاش ناھىيىسىدە بىر قانچە ئالدامچى يىپەكچىلىك فابرىكىسىنىڭ پىلە غوزىكى سېتىۋىلىش تالونىنى كۆپەيتىپ باستۇرۇپ، تامغا ياساپ، دېھقانلارغا سېتىپ بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت غەلىتە دىلو پاش بولدى. دېھقانلار بۇنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا سېتىۋىلىپ، خالىغان ساندىكى پىلە كىلوگرام سانىنى تولدۇرۇپ، يېزا باشلىقلىرىنىڭ ھېسابلاپ ئۆتكۈزۈۋىلىشىغا تاپشۇرغان. تاغاردىكىگە ئەمەس، ھېساپتىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان يېزا باشلىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ پىلە مەھسۇلاتىنى پالان كىلو، پۇستان ھەسسە ئاشۇرغانلىقى توغرىسىدا پو ئېتىپ، داۋراڭ كۆتۈرۈشكەن. ئاخىرىدا ئامباردىكى پىلە ھېسابتىكىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئاز ئىكەنلىكى ئاشكارا بولۇپ، كۈلكىگە قالغان. بۇ ئىشتىن قاراقاش ناھىيىسىدىكىلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق ئوغىسى قاينىغان بولسا كېرەك، ئۇلار غەزىپىنى باسالماي تالون بېسىپ بەرگەن باسما زاۋۇتىنىڭ باشلىقىنىمۇ ھەپتە سولاپ سوراق قىلدى.

بۇ ئىشتا يالغان تالون ئۆتكۈزۈپسەن دەپ دېھقانلارنى ئەيىبلىگىلى بولامدۇ؟ سەن جەرىمانە ئېلىشقا يەڭ شىمايلاپ تۇرساڭ، ئۇلار قانداق قىلسۇن؟ ئەگەر سەن جەرىمانە ئېلىشنى داۋاملاشتۇرساڭ، بۇنداق ئىش كېينكى يىلى يەنە پەيدا بولىدۇ. سەن سېزەلمىگۈدەك، تەكشۈرۈپ تاپالمىغۇدەك دەرىجىدىكى نازۇك يوللار ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ...

بەزى دېھقانلارنىڭ تاقابىل تۇرۇش چارىسى ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىچارە، يۇۋاش ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى.

دېھقان روزاخۇن ماڭا: «ئەسلى ۋەزىپەم يەتتە مىسقال پىلە قۇرتى بېقىش ئىدى. مەن ئون مىسقال باقتىم، مەقسىتىم ئون مىسقال قۇرتتىن ئېرىشكەن مەھسۇلاتنى يەتتە مىسقال ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ، جەرىمانىدىن ساقلىنىش ۋە ئىزا – ئاھانەت ئاڭلىماسلىق» دېدى.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ ھەممە ئادەمگە مۇۋاپىق كېلىۋىرىدىغان تاقابىل تۇرۇش چارىسى ئەمەس. ئۈجمە يوپۇرمىقى يېتىشمەسلىك، ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك، پىلە قۇرتى ئۇرۇقى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشى كۆپ بېقىپ ئاز ھېسابقا ئۆتكۈزۈش شارائىتىغا ئىگە بولالمايدۇ.

دېھقانلارنىڭ ئۈچىنچى تاقابىل تۇرۇش چارىسى بىرەر ئامال تېپىپ پىلە قۇرتى باقماسلىقتىن ئىبارەت. بۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشىدىغانلارمۇ ئىنتايىن ئاز ساندا. ئۇلار پەقەت كەنت سىكرىتارى، كەنت باشلىقى، يېزا كادىرلىرىنىڭ ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ياكى ئازراق پۇلى بار ، يولى بارلاردىن ئىبارەت.

لوپ ناھىيە جىيا يېزا x كەنتىدە كەنت كادىرلىرىنىڭ بىرىمۇ پىلە قۇرتى باقماپتۇ.

خوتەن ناھىيە تەۋەككۈل يېزا يەكشەنبە بازار كەنتىدىكى تۇرسۇنباقى ئاخۇنغا بىر قۇتا پىلە بېقىش ۋەزىپىسى كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئاشۇ بىر قۇتا ئۇرۇقتىن ئېلىش بەلگىلەنگەن ھەر بىر كىلوگرام پىلە ئۈچۈن بەش يۇەندىن جەرىمانە ھeسابلاپ ۋە ئۆزىنىڭ يوپۇرماقلىرىنىمۇ قوشۇپ، قوشنىسىغا بېقىشقا بېرىۋىتىپتۇ. مەن نېمىشقا ئۇنداق قىلغانلىقىنى سورىغىنىمدا «بىرىنچىدىن، پىلە بېقىش جاپاسىدىن قۇتۇلۇپ قالىمەن، ئىككىنچىدىن، بەرىبىر جەرىمانە تۆلەيدىغان بولغانلىقتىن ئەگەر ئامىتى كېلىپ قالسا قوشنىلارغا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ جەرىمانىنى جەرىمانىچىلەرگە بەرگۈچە قوشنىلىرىغا بېرىشنى ئەۋزەل كۆرۈپتۇ

بىچارە دېھقانلار يۇقىرىدىكى پاسسىپ چارىلەرنى قوللىنىپ باققان، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە نېمە ئامالى بولسۇن؟ جەرىمانىچىلىك ھەقىقەتەنمۇ خوتەنلىكلەرنىڭ يىلىكىنى شورايدىغان زۈلۈككە، قېنىنى شورايدىغان يىلان – چايانغا، تۈگىمەس ئەلەم – كۈلپەت كەلتۈرىدىغان ئاپەتكە ئايلاندى.

خوتەنگە كېلىپ باقمىغان، خوتەننىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيدىغان ۋە چۈشەنمەيدىغان كىتابخانىلار  «شۇنچە جىق جەرىمانە تۆلەپ يۈرگىچە پىلە قۇرتى باقمايلا قويسا بولدى ئەمەسمۇ» دەپ ئويلىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا خەنزۇ خەلق ماقال – تەمسىللىرىدىكى «قاتتىق سىياسەت يولۋاستىن يامان» دېگەن ئىدىيۇم جاۋاب بولالايدۇ. يەنىمۇ تەپسىلىي جاۋابنى «تۆمۈر ۋەزىپە» دىكى پاكىتلاردىن تاپقىلى بولىدۇ.

7. «تۆمۈر ۋەزىپە» توغرىسىدىكى پاراڭ

«تۆمۈر ۋەزىپە» نىڭ ئالاھىدىلىكى مۇنداق:

ئۈجمە ۋە ئۈجمە يوپۇرمىقىنىڭ بار- يوقلىقىدىن، بىر قۇتا پىلە بېقىشقا يېتىش- يەتمەسلىكىدىن، قۇرتخانىسى بار- يوقلىقىدىن، ئەمگەك كۈچى يېتىش - يەتمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر ھەر بىر دېھقان ئائىلىسى بىر قۇتا ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق پىلە قۇرتى بېقىشى ۋە ئۇنىڭدىن «تۆمۈر مەھسۇلات» ئېلىشى كېرەك. بىر قۇتا مەجبۇرىي، ئۇنىڭدىن ئارتۇقى قىسمەن ئىختىيارىي.

مانا بۇ ― ناھىيىلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ قارارىدىن ئۆتكۈزۈلگەن - ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىدىن، يېزىق - ھۆججەت ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان – قىلىنمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئاللىقاچان ئومۇملىشىپ بولغان، ھەممە ئادەم بىلىدىغان پولاتتەك قاتتىق يەرلىك سىياسەت.

بۇ سىياسەتنىڭ يەنە ھەر قايسى جايلاردا يولغا قويۇلۇشى ئوخشىمايدىغانلىقى مەلۇم. بەزى ناھىيىلەردە دېھقان ئائىلىلىرى باقىدىغان پىلە قۇرتىنىڭ مىقدارى شۇ دېھقان ئىگىلىگەن يەرنىڭ كۈلىمىگە ئاساسەن بەلگىلەنگەن، كۆپ يېرى بارلار كۆپ بېقىش، يېرى ئازلار ئاز بېقىش، يېرى يوقلار باقماسلىق پرىنسىپى ئىجرا قىلىنغان. بەزى ناھىيىلەردە ئائىلىدىكى نوپۇسقا ئاساسەن بەلگىلەنگەن. نوپۇسى كۆپ ئائىلىلەردە كۆپ بېقىش، نوپۇسى ئاز ئائىلىلەردە ئاز بېقىش پرىنسىپى يۈرگۈزۈلگەن. بەزى كادىرلار بۇنى تېخى «پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغانلارغا ئېتىبار بېرىش» دەپ ئاتىۋالغان. يەنە بەزى ناھىيىلەردە چوڭ ياكى كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئائىلىگىلا تەقسىم قىلىش پرىنسىپى يولغا قويۇلغان. ئەمگەك كۈچى يېتىش - يەتمەسلىكى ھىساپقا ئېلىنمىغان.

بىز يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكەن خوتەن ۋىلايىتى 1994 - يىلى باققان قۇرتنىڭ 175 مىڭ قۇتا ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ، يېزا ئائىلىسى دەپ قارالغان 281 مىڭ 766 ئائىلىدىن قاراقۇرۇمغا جايلاشقان يېزىلاردىكى چارۋىچى ئائىلىرىنى، يېزا نوپۇسىدا بولۇپ، ئەمىلىيەتتە شەھەر بازالارغا كۆچۈپ كەتكەن ئائىلىلەرنى، ئۆيى يېزىدا بولسىمۇ يەرنى تاشلاپ بېرىپ ئۈچىنچى كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئائىلىلەرنى، شۇنداقلا پىلە باقمايدىغان سىكرىتار، كەنت باشلىقى، يېزا كادىرلىرىنىڭ ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، پۇلى بار يولى بار ئائىلىلەرنى چىقىرىۋىتىپ قاراپ باقىدىغان بولساق، ئومۇمىي پىلە قۇرتىنىڭ ھەقىقىي دېھقان ئائىلىلىرىگە راستتىنلا بىر قۇتىدىن توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

«تۆمۈر ۋەزىپە» سىياسىتىنىڭ يەنە ھەر بىر دېھقان ئائىلىسى باھار پىلىسى بېقىشى كېرەك، باھار پىلىسى باقمىغانلار ۋە باھار پىلىسى بېقىپ «تۆمۈر مەشغۇلات» ئۆلچىمىگە توشقۇزالمىغانلار كۈزلۈك پىلە بېقىشى كېرەك، ناھىيە بويىچە پالان قۇتا پىلە بېقىپ پوستان كىلوگرام مەھسۇلات ئېلىشى كېرەك. پۈتۇن يېزا پالان قۇتا پىلە قۇرتى بېقىپ پوستان كىلوگرام مەھسۇلات ئېلىشى كېرەك دېگەن ماددىلىرىمۇ بار.

ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا شۇ يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش ۋە كېلەر يىللىق خىزمەت پىلانىنى تۈزۈش ئۈچۈن ۋىلايەت ئۈچ دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنى چاقىرىدۇ. بۇ يىغىن بەزى يىللىرى يىل ئاخىرىدا ئەمەس، يىل بېشىدا ئېچىلىدۇ. يىل بېشىدا ئېچىلسا ئالدىنقى يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش، يېڭى يىللىق خىزمەتلەرنى پىلانلاش يىغىنى بولىدۇ. ئاشۇ يىغىندا بىر يىللىق مۇقام بەلگىلىنىدۇ. ۋىلايەت تۈزگەن مەھسۇلات كۆرسەتكۈچى توختامنامىسىگە ۋىلايەت ۋە ناھىيە رەھبەرلىرى ئىمزا قويۇشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېينكى ئىشلار تەرتىپى بويىچە ماڭىدۇ. ناھىيىلەر يىغىن چاقىرىدۇ. ناھىيىلەر تۈزگەن مەھسۇلات كۆرسەتكۈچى توختامنامىسىگە ناھىيە ۋە يېزا رەھبەرلىرى ئىمزا قويىدۇ. ئۇنىڭدىن كېين يېزىلار يىغىن ئاچىدۇ. يېزىلار تۈزگەن مەھسۇلات كۆرسەتكۈچى توختامنامىسىگە يېزا رەھبەرلىرى ئىمزا (ئۇلار ھەر ھالدا خەت تونۇيالايدۇ ۋە يازالايدۇ)، كەنت رەھبەرلىرى قول قويىدۇ. ئاخىرىدا كەنتلەر تۈزگەن مەھسۇلات كۆرسەتكۈچى توختامنامىسىغا (بۇنى كەنت سىكرىتارى ئېغىزچە ئېيتىپ بېرىپ، تېخى يېقىندىلا تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن، ساۋاتسىزغا ئايلىنىشقا ئۈلگۈرمىگەن بىر ياش بالا يېزىپ چىقىدۇ) كەنت سىكرىتارى بىلەن دېھقانلار قول باسىدۇ. ھېچكىمنىڭ توختاملارغا ئىمزا قويماسلىقىغا، قول باسماسلىقىغا، ئىجرا قىلماسلىقىغا ھەققى يوق.

بۇنداق توختاملارنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى ئالدىدا، گېنېرالدەك گىدىيىپ يۈرىيدىغان ناھىيە رەھبەرلىرىمۇ، چاپانلىرىنىڭ يىڭىنى ساپماي تەلەتىدىن مۇز ياغدۇرۇپ يۈرىيدىغان يەرلىك خاقان – يېزا رەھبەرلىرىمۇ، دائىم يېزا رەھبەرلىرى بىلەن يۇرتداشلىرى ئارىسىدا تەڭقىسلىقتا قېلىپ، تەنقىد ۋە تاپا – تەنە ئاڭلاپ يۈرىيدىغان كەنت رەھبەرلىرىمۇ غىڭ قىلالمايدۇ. غىڭ قىلسا «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۇلۇغ قۇرۇلۇشى»غا توسقۇنلۇق قىلغان ھېسابلىنىدۇ. تەنقىد قىلىنىدۇ، ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ، ھەتتا ئاشۇ جەرىمانىچىلەرنىڭ ئۆزىگىمۇ جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئەگەر دېھقانلار غىدىڭ – پىدىڭ قىلسا، ئەھۋال تېخىمۇ چاتاق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھويلىسىدا قىيامەت قايىم بولىدۇ. ئۆيىگە «قاراقچى» تىگىپ، گىلەم، كىگىز، ئاشلىقلىرىنى سۆرەپ ماڭىدۇ. قوتىنىغا بورە تىگىپ قوي – ئۆچكىلىرىنى سۆرەپ ھەيدەپ كېتىدۇ. «ئۆيۈڭنى بۇزۇپ كۆچۈپ كەت!» دېگەن دەھشەتلىك سادا قۇلاقلىرىغا مۇزدەك ئاڭلىنىپ، كۆزلىرىدىن تارام – تارام ياش ئاققۇزىدۇ. بەزى دېھقانلار باھار پىلىسى باققان بولسىمۇ، يەنىلا كۈزلۈك پىلە بېقىشقا مەجبۇر قىلىنىدۇ. رەت قىلسا بىچارە دېھقان زىيان تارتىدۇ.

ھېكايە

1994 – يىل ئاۋغۇستتا، خوتەن ناھىيە تەۋەككۈل يېزا دوڭئېرىق كەنتىدە كۈزلۇك پىلە قۇرتى ئائىلىلەرگە تەقسىم قىلىنىۋاتاتتى. دېھقانلار ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان پىلە قۇرتى لىچىنكىلىرىنى غەلۋىرگە، سىۋەتكە ئېلىپ بىر – بىرلەپ كېتىشتى. پەقەت دېھقان رامۇق ئاخۇن شامالغا تەقسىم قىلىنغان قۇرتلارلا قالدى. كىچىككىنە، ئاق چۈمۈلىدەك پىلە قۇرتى لىچىنكىلىرى غەلۋىرنىڭ ئىچىدە مىغىلدايتتى. ھەر يان تولغىنىپ ئوزۇق ئىزدەيتتى. رامۇق ئاخۇننى چاقىرىپ كېلىشتى.

― سىزگە تەقسىم قىلىنغان قۇرتنى ئېلىپ كېتىڭ.

― مەن باقمايمەن.

― نېمىشقا باقمايمەن دەيسىز، رامۇق ئاكا؟

― مەن يازلىق پىلە باقتىم، ئەمدى كۈزلۈك پىلە بېقىش ۋەزىپەم يوق.

― بۇنى بىز كەنت پارتىيە ياچىيكىسى سىزگە تەقسىم قىلدۇق.

― تەقسىم قىلغان بولساڭلارمۇ باقمايمەن، كىم باقسا باقسۇن.

- ئۇنداق دېمەڭ دەيمەن.

― ئاشۇنداق دەيمەن.

- جاھىللىق قىلماڭ، پايدا ئالالمايسىز.

― باقمايمەن دېدىممۇ باقمايمەن.

رامۇق ئاخۇن بىلەن سىكرىتار تالاشتى، مۇنازىرىلەشتى، ۋارقىراشتى، دوق قىلىش، قورقۇتۇش، ھەيۋە قىلىش كارغا كەلمىدى. رامۇق ئاخۇننىڭ جاھىللىقى تۇتۇپ، توقۇمنى قارنىغا ئالغانلىقى مانا مەن دەپ تۇراتتى. سىكرىتارمۇ بوش كېلىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. «ئۇ باقمىسا كىم باقىدۇ؟ مەن باقايمۇ؟ تۇققانلىرىم باقسۇنمۇ؟ ياق، چوقۇم ئۇنىڭغا باققۇزىمەن، ئۇنىڭ گەدەنكەشلىك قىلىپ، بويۇن تولغىشىغا يول قويمايمەن» سىكرىتار شۇنداق ئويلىدى – دە، قۇرت سېلىنغان غەلۋىرنى ئېلىپلا رامۇق ئاخۇنغا تۇتقۇزۇپ قويدى.

― باقسىڭىزمۇ باقىسىز، باقمىسىڭىزمۇ باقىسىز.

― باقمايمەن دېدىم، باقمايمەن.

رامۇق ئاخۇن غەلۋىرنى كەنت باشلىقىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ، ئۆرۈلۈپلا سىرتقا قاراپ ماڭدى. سىكرىتار غەلۋىرنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ چىقتى. دەرۋازىنىڭ ئالدىدا، سۇ ئېقىۋاتقان ئوستەڭدىكى كۆرۈك ئۇستىدە غەلۋىرنى يەنە رامۇق ئاخۇنغا تۇتقۇزۇپ قويدى. 

― ھەي، جاھىل قىرى، ئۇز گەپ قىلسا ئاڭلىمايسىنا، باقمىغىنىڭنى بىر كۆرۈپ باقاي قېنى، ئالە...

رامۇق ئاخۇن غەلۋىرنى تۇتۇپ، كۆۋرۈك ئۈستىدە بىر ھازا تۇرۇپ قالدى. كاللىسىدا مىڭبىر ئويلار كىزەتتى: «قارا ماۋۇ شۇمتەكنى، مەن دادىسىدەك ئادەم تۇرسام يەنە تىللايدىيا، سەنلەيدىيا، ئاشۇ ئەدەبسىز ئاغزىغا ئۇرايمۇ؟ كۈچۈم يېتەرمۇ؟ ھەي  مەيلى دەپلا قۇرتنى باقايمۇيا؟ يەنە جەرىمانە تۆلەيدىغان، جاپا چىكىدىغان گەپ. قايسى پۇلنى تۆلەيمەن؟ ئاھ خۇدا نېمە قىلساڭ، قىلىشمامسەن...»

― باقمايمەن دېدىممۇ باقمايمەن، قولۇڭدىن كەلسە ياغ چاينا...»

رامۇق ئاخۇننىڭ قەھىرلىك ئاۋازى گۈلدۈرمامىدەك ياڭراپ چىقتى. ئارقىدىنلا قۇرتلارنىڭ ئۆستەڭدىكى سۇ يۈزىگە شالاقلاپ چۈشكىنى ئاڭلاندى. سىكرىتار ۋە باشقا كەنت كادىرلىرى يۈگۈرۇشۈپ چىققاندا قۇرتلار سۇ ئۈستىدە مىغىلداپ، بىرى چۆكۈپ، بىرى لەيلەپ خېلىلا يىراققا ئېقىپ كەتكەنىدى.

رامۇق ئاخۇن شامالنىڭ پىلە قۇرتىنى ئۆستەڭگە تۆكۈۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر بىردەمدىلا تەۋەككۈل يېزىسىغا پۇر كەتتى. دوڭئېرىق كەنتىگە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرلىرى، يېزىلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىلىرى، يېزىلىق سوتنىڭ سوتچىلىرى يىغىپ كەتتى. رامۇق ئاخۇن بىلەن يېزا ساقچىلىرى ئارىسىدا سوئال – سوراق بولدى؟ رامۇق ئاخۇننىڭ نەچچە تال ساقىلى يۇڭدىلىپ، نەچچە تال چىشى تۆكۈلدى؟ بېقىنىغا نەچچە مۇشت، سۆڭگىچىگە نەچچە تىپىك تەگدى؟ بۇلارنى ھېچكىم بىلمىدى. چۈنكى، يېزا ساقچىلىرى ئىشنى يەككىمۇ – يەككە، گۇۋاھچىسىز بىر تەرەپ قىلىشقا ئادەتلەنگەنىدى. شۇنداقتىمۇ ئاخىرىدا يەنىلا «رامۇق ئاخۇن مىڭ يۇەن جەرىمانە تۆلەپتىمىش. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكىلەر قويلىرىنى ھەيدەپ ئەكىتىپتىمىش» دېگەن گەپ تارقالدى.

ئىش ئاشۇنداق، دېھقانلارنىڭ «تۆمۈر ۋەزىپە»نى رەت قىلىشىمۇ، رەت قىلىپ پايدا ئالالىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

مەلۇم بىر كادىر ماڭا: «پىلە بېقىشتىن چۈشكەن بېسىم شۇنچىلىك ئېغىركى، ئەگەر دېھقانلارنىڭ روھى جىسمانىي ئومۇرتقىسىغا ئوخشاش سۆڭەكتىن پۈتكەن بولسا، قارسسىدە سۇنۇپ كەتكەن بولاتتى» دېدى. مەلۇم بىر ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى: «ھەممىمىزگە بېسىم بار، بۇ بېسىمنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ» دېدى. ھاكىممۇ، كادىرمۇ، دېھقانمۇ بېسىم ھېس قىلسا، بۇ بېسىم زادى نەدىن كەلدى؟ راستتىنلا بىلگىلى بولمامدۇ؟ ياق. بىلگىلى بولىدۇ. بۇ بېسىملار ئاشۇ يۇقىرى – تۆۋەن، تەرتىپى بويىچە ئىمزالانغان توختاملاردىن كەلگەن. ناھىيىمۇ ناھىيە، بەس – بەستە قۇرۇلغان يىپەكچىلىك فابرىكىلىرىنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەش تەقەززاسىدىن كەلگەن. پىلە، ئۈجمىچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى يۇقىرى سۈرئەتتىن كەلگەن. خوتەن دېھقانلىرى يەنىلا نامرات پېتى قىلىۋەرمىسۇن دېگەن ياخشى نىيەتتىن كەلگەن.

قاتلاممۇ قاتلام توختامنامە ئىمزالاپ، پىلانلىق – نىشانلىق ئىشلەش، بەس – بەس بىلەن فابرىكا قۇرۇپ، يۇقىرى سۇرئەت پەيدا قىلىشنى يامان ئىش دىگىلى بولمايدۇ. «دېھقانلار يەنىلا نامرات پېتى قىلىۋەرمىسۇن» دېگەن ياخشى نىيەتنى بولسا، ئەلۋەتتە ئالقىشلاش كېرەك. لېكىن، ياخشى نىيەتتىن دائىم ياخشى نەتىجە چىقىۋەرمەسلىكىمۇ ئەمەلىيەتتە كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئىش.

دېھقانلار پىلىچىلىك ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلالىدىمۇ؟ ئاشۇ ياخشى نىيەت كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلىدىمۇ؟

x ناھىيە x يېزىدىكى جەرىمانىچى x نېمىشقىدۇر بىر ئېغىز راست گەپ قىلدى: «پىلە بېقىپ بىيىغان ئادەم يوق. تۇرمۇش سەۋىيىسىدىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى...»

بۇ ھەقىقەتەنمۇ راست گەپ. ئەگەر بىز دېھقانلارنىڭ پىلە ساتقان پۇلىدىن ئارتۇقراق جەرىمانە تۆلەۋاتقانلىقىنى ئەسكە ئالساقلا، بۇنىڭ راست شۇنداق ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلەيمىز. بۇ يەردە يەنە پىشانىسى ئوڭ ئايرىم دېھقانلارنىڭ جەرىمانىگە قارىغاندا كىرىمىنىڭ ئارتۇق بولغانلىقىنى، تۇرمۇش سەۋىيىسىدە مەلۇم يۈكسىلىش بولغانلىقىنى (پىلە ئارقىلىق) نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. خوتەن دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن كېين ئەمەلگە ئاشقان غايەت زور ياخشىلىنىشتا پىلچىلىكنىڭ ھەسسىسى يوق دېيەرلىك. ھېچ بولمىغاندىمۇ ئېغىزغا ئالغۇدەك چوڭ ئەمەس. نېمىشقا شۇنداق؟ ئاشۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ھېلىقى جەرىمانىچى: «ئۆز ئىختىيارىغا قويسا، ھازىرقى ئەھۋالدا دېھقانلاردىن پىلە باقىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمايدۇ. چۈنكى پىلىنىڭ سېتىۋىلىش باھاسى بەك تۆۋەن، پىلىنىڭ باھاسى ئۆستۈرۈلسە، ئاندىن كىشىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقى قوزغىلىشى مۇمكىن» دېگەن گەپنىمۇ قىلغان.

پىلىكار دېھقانلارنىڭ بېيىپ روناق تاپالماسلىقىدىكى سەۋەب ئاساسلىقى جەرىمانىچىلىكتە. لېكىن پىلىنىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى مۇھىم بىر ئامىل دەپ قارىماي بولمايدۇ. چۈنكى، باھا مىھنەتنىڭ قىممىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ ئەمەسمۇ؟ بىز بۇ ھەقتە كېينكى بابتا توختىلايلى.

8. «تۆمۈر باھا» توغرىسىدا پاراڭ

«تۆمۈر قۇرت»، «تۆمۈر ئۈجمە»، «تۆمۈر ۋەزىپە»، «تۆمۈر مەھسۇلات» بار ئىكەن، «تۆمۈر باھا» بولماي قالارمۇ؟

ئەسلىدە بىز بۇ ئاتالغۇنى «تۆمۈر باھا» دېمەي، «تۆۋەن باھا» دەپ ئالساقمۇ بولاتتى. بۇنداقتا ئەسلى مەسىلىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەتتى. لېكىن، يۇقىرىقى بابلارغا پار كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەنىلا «تۆمۈر باھا» دەپ ئالدۇق. چۈنكى، پىلە باھاسىنىڭ «تۆمۈر» لۈك تەرىپىمۇ بار. بۇ تەرىپى شۇكى، سودىلىشىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

ئۇنداقتا بۇ «تۆمۈر باھا» بىرەر قانۇن چىقىرىش ئورگىنى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەنمۇ؟ ياق. بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن چىقىرىلغان باھامۇ؟ ياق. ئەمگەك قىممىتىگە ئاساسەن بېكىتىلگەن باھامۇ؟ ياق. ئاڭلىشىمچە، «تۆمۈر باھا»نى پىلە سېتىۋالغۇچى فابرىكا تەرەپ بەلگىلەپ، قايسىبىر شۇجىغا تەستىقلاتقانمىش. بۇ – قانۇن، بەلگىلىمە چىقىرىش، باھا بېكىتىش تەرتىپىگە ئۇيغۇنمۇ؟- ھېچقانداق بىر پىلىكار بۇ سوئالنى قويۇشقا جۈرەت قىلالمايدۇ. سوئال ئوتتۇرىغا قويۇپ جاۋاپمۇ ئالالمايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن خوتەن پىلىچىلىكىدە «تۆمۈر باھا»نىڭ مەۋجۇتلۇقى پاكىت.

ھاجىم ئېيتقان ھېكايە

1994 – يىلى يازدا خوتەن شەھەر ئىلچى يېزا شامالباغ كەنتىدىن روزى توختى ھاجىم يېڭىلا تېرىۋىلىنغان ئون يەتتە كىلوگرام پىلە غوزىكىنى چوڭ خالتىغا قاچىلاپ ھارۋىغا بېسىپ لاسكۇيدىكى خوتەن يىپەكچىلىك فابرىكىسىغا ساتقىلى ئېلىپ ماڭدى. ھارۋىغا قاتقان سۇر ھاڭگا چوڭ – كىچىك ئاپتوموبىللار مۇكىدەك ئۆتۈشۈۋاتقان ئاسفالت يولنىڭ ياقىسىنى بويلاپ بىر خىل تېزلىكتە يورغىلاپ باراتتى. ھارۋىنىڭ ئالدى تەرىپىدە پىلە قاچىلانغان خالتىغا يولىنىپ ئولتۇرۇۋالغان روزى توختى ھاجىم خىيالغا پاتقان ئىدى. ئۇ باققان بىر قۇتا پىلە قۇرتىدىن 17 كىلوگرام پىلە غوزىكى چىققان. «تۆمۈر مەھسۇلات» ئۆلچىمىگە 13 كىلوگرام كەملەپ قالغانىدى. ئاشۇ كەملىگەن 13  كىلوگرام پىلە ئۈچۈن 65 يۇەن جەرىمانە تۆلەيدىغانلىقى ئۇنى رەللە قىلاتتى. ئۇ : 17 كىلوگرام غوزەكنى 10 يۇەندىن ئالسا، 170 يۇەن بولىدۇ، جەرىمانىنى تۆلىسەم ماڭا ئاران 105 يۇەن ئاشىدىكەن، ھەي، مەيلىلا سەدىقە ھېسابىدا بولار، پەقەت سېتىۋىلىش پونكىتىدا ئادەم ئازراق بولسا، سېتىۋىتىپ تېزرەك يانسام، ناماز پىشىننى ئۆيدىلا ئۆتىسەم... دەپ ئويلايتتى... ھارۋا «بوستان يولى»نىڭ دوقمىشىدىن ئۆتۈپ،  «سىمونت ئۆستەڭ»نىڭ كۆۋرۈكىگە يېقىنلاشقاندا، يول بويىدا تۇرغان ناتونۇش بىر ئادەم بىردىنلا ھارۋىغا ياندىشىپ كەلدى.

― نېمە بۇ؟ – ئۇ خالتىنى سىرتىدىن تۇتۇپ باقتى، - پىلە ساتقىلى ماڭغان ئوخشىمامدىلا؟ توختىسىلا، پىلىنى مەن ئالاي...

― ياق ، سىلىگە ساتمايمەن، زاۋۇتقا ساتىمەن.

― توختىسىلا دەيمەن، چىرايلىق، پاكىز ئادەمكەنلا، ھەج نۇسرەت تاپقان ئوخشايلا. مۇبارەك بولسۇن، توختىسىلا، پاراڭلىشىپ باقايلى...

روزى توختى ھاجىم سۆھبەتدىشىنىڭ تاپقۇرلۇقىدىن ھەيران بولۇپ، ئىختىيارسىز سۇر ھاڭگىنىڭ باش بېغىنى تارتتى. ھارۋا يول ياقىسىدا توختىدى.

― فابرىكىغا ئاپارسىلا بىر كىلوگرام غوزەكنى 6 - 7 يۇەندىن ئالىدۇ. چىرايلىرىنىڭ پاكىزلىقىدىن ئەيمىنىپ بەلكىم سەككىز يۇەندىنمۇ ئالار. بالا – چاقىلىرىنىڭ ئىش ھەققى تۈگۈل يوپۇرماق پۇلىغىمۇ چىقىشمايدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە ماڭا سېتىۋەتسىلە، ھەر كىلوگرامغا 15 يۇەندىن پۇل بېرەي. يىپيىڭى پۇل بېرىمەن...

― باھاسىنىغۇ يامان دېمىدىلە. لېكىن  بىلىلىغۇ، ھەممىمىزنىڭ ۋەزىپىسى بار. ۋەزىپە ئورۇندالماي قالسا، جەرىمانە تۆلەيدىغان گەپ. ساتسام بولماس...

― مەن دېگەن باھاغا ساتسىلا جەرىمانىدىنمۇ ئاشىدۇ. مەن يامان دېمىدىم، بەرسىلە دەيمەن...

ناتونۇش تىجارەتچى روزى توختى ھاجىمغا يېپىشىۋالدى. ھەممە ھۈنىرىنى ئىشقا سالدى. چىرايلىق سۆزلىرىنى گۈل چاچقۇدەك سەپتى. باھانى 16 يۇەنگە، 17 يۇەنگە، ھەتتا 18 يۇەنگە كۆتۈردى. ئۇ ھاجىمنىڭ پىلىسىنى ئالماي قويۇۋەتمەيدىغاندەك قىلاتتى. باھا 18 يۇەنگە ئۆرلىگەندە روزى ھاجىم ئارىسالدى بولۇپ قالدى. ئەگەر مۇشۇ باھادا ساتسا ھاجىمنىڭ قولىغا تاراقشىپ تۇرغان 306 يۇەن پۇل كىرەتتى. «تۆمۈر مەھسۇلات» ئولچىمىدىكى 30 كىلوگرام پىلە ئۈچۈن 150 يۇەن جەرىمانە تۆلىگەن ھالەتتىمۇ يەنە ئۆزىگە شۇنچىلىك ئېشىپ قالاتتى. كەنت كادىرلىرى مېنىڭ پىلە ساتقىلى ماڭغانلىقىمنى بىلىدىغۇ، ئۇلارغا پىلە ساتقانلىق ھەققىدىكى تالۇننى ئۆتكۈزەلمىسەم سۈرۈشتۈرمەي قالارمۇ؟ پىلىنى تىجارەتچىلەرگە سېتىۋەتكەنلىكىمنى بىلسە، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە جەرىمانە ئالماسمۇ؟ ئاھانەت قىلماسمۇ؟ ھەي ھاجىم مانا شۇلارنى ئويلىدى. تىجارەتچىنىڭ سۆزلىرىنى ئۆزرە بىلەن رەت قىلىپ، سۇر ھاڭگىنى يەنە يىپەكچىلىك فابرىكىسىغا قاراپ ھەيدىدى.

شۇ كۇنى پىلە تىجارەتچىلىرى ھاجىمنى يەنە ئۈچ يەدە توستى. باھانى 20 يۇەنگىچە ئۆرلەتتى. لېكىن ھاجىم يەنىلا ئۇلارغا ساتمىدى.

يىپەكچىلىك فابرىكىسىنىڭ پىلە سېتىۋىلىش ئورنىدا ئادەم، ئېشەك، ھارۋا خۇددى قۇرتتەك مىغىلداپ كەتكەنىدى. نېمىشقا مىغىلدىمىسۇن؟ پىلە قۇرتى بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىلىدىغان، بىرلا ۋاقىتتا بېقىلىپ بىرلا ۋاقىتتا تورغا كىرىدىغان، بىرلا ۋاقىتتا تېرىۋىلىنىدىغان تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېرىۋىلىنغاندىن كېين بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋەتمىسە بولمايدىغان تۇرسا (ئۇزاق ساقلىنىپ قالسا پىلە قۇرتى كىپىنەككە ئايلىنىپ غوزەكنى تىشىپ چىقىدۇ).

پىلە ساتقۇچىلار مىغىلدىماي قالامتى؟ پىلە سېتىۋىلىش ئورنى ئاران بىر تۇرسا...

ھاجىم كەچكىچە ساقلىدى. ئۆزىگە نۆۋەت كەلگۈچە ئۆچرەتتە تۇرۇپ، فابرىكىدىن ئېقىپ چىقىپ «ئاياغ لاسكۇي» تەرەپكە ئېقىپ كېتىدىغان سېسىق سۇنىڭ چىدىغۇسىز بەدبۇي پۇرىقىغا، پاشا -كۇمۇتىلارنىڭ غالجىرانە ھۇجۇمىغا، تومۇز ئىسسىققا چىداپ ساقلىدى. ئاخىرى قوياش ناماز دىگەرگە ئىگىلگەن چاغدا نۆۋەتمۇ كەلدى. پىلە سورتىنى ئايرىغۇچى قاپاقلىرىدىن مۇز ياغدۇرۇپ، پىلىنى خالتىدىن تۆكۈشكە بۇيرىدى. خۇددى مال بازىرىدا ھايۋاننىڭ چىشىنى كۆرىۋاتقان قىرى بىدىكتەك، پىلىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنى، ھۆل – قۇرۇقلۇقىنى، ئاق – سېرىقلىقىنى بىر ھازا تەكشۈردى. ئاخىرى بېشىنى كۆتۈرۈپ، نېمىنىدۇر دېمەكچى بولۇپ ئاغزىنى ئومەللىدىيۇ، ھاجىمغا، ئۇنىڭ پاكىز چىرايىغا، ئەقىللىق كۆزلىرىگە قاراپ توختاپ قالدى ۋە مىنۇت ئۆتمەستىن «كىلوسى سەككىز يۇەن!» دەپ ۋاقىرىدى.

ھاجىم باھا تالىشىشنىڭ، سودىلىشىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلەتتى. ئۆز ئەمگەك مېۋىسىنى قوغداشقا ئۇرۇنسا، ئاشۇ مۇز تەلەت خادىمنىڭ ئالىيىشىغا، سېسىق گەپ قىلىشىغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭ خالتىنى بىر چەتكە تىپىۋىتىپ، باشقىلارنىڭ پىلىسىنى تەكشۈرۈشكە كىرىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، يەنە ساقلاشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى، تاكى ئەتىگىچە ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ غىڭ قىلماي پىلىنى ئۆلچىتىپ، بەرگەن پۇلنى ئالدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە خاپىلىقتىن كۆرە، نېمىگىدۇر بىرخىل ھەيرانلىق بار ئىدى. ئۇ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇلغان پۇلنى ساناپ بولۇپ، بىر ھازا ئويلاپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ يولدا ئۇچرىغان ھېلىقى تىجارەتچىنىڭ تاپقۇرلىقىغا ھەيران بولىۋاتقانلىقىنى چۈشەندى. فابرىكىدىكىلەرنىڭ سېتىۋىلىش باھاسى ئاشۇ تىجارەتچىنىڭ پەرىزىدىن بىر تىيىنمۇ ئارتۇق بولمىغانىدى.

ھاجىم ئېيتقان ھېكايە ئەنە شۇ. مەن بۇ يەردە يەنە خېلىلا ئوخشىغان، دانىسى بىر گرامدىن كەم چىقمايدىغان پىلىسىنىڭ ھەر كىلوگرامىنى ئون يۇەندىن تۆۋەن باھادا ساتقان 23 نەپەر پىلىكارنىڭ ئىسىم – فامىلىسىنى قاتار تەكشۈرۈشۈم، ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشىم مۇمكىن. مەن سۆزلەشكەن يۈزدىن ئارتۇق پىلىكار ئىچىدە ئاشۇ 23 ئادەم ماڭا  «تۆمۈر باھا» توغرىسىدا پاراڭ قىلىپ بەرگەن. مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن خاتىرەمدە قالدۇرغانمەن. ئۇلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، پىلە سېتىۋالغۇچى فابرىكىلار پىلە يىغىۋىلىشتىن ئىلگىرى «ھەر كىلوگرام پىلىنى 12 يۇەندىن 14 يۇەنگىچە بولغان باھادا سېتىۋالىمىز» دەپ ئېلان چىقىرىدىكەن. مال باھا تارماقلىرىغىمۇ شۇ باھادا تىزىمغا ئالدۇرىدىكەن. پىلە يىغىۋىلىنغاندىن كېين بولسا، ئالتە يۇەندىن 10 يۇەنگىچە باھادا سېتىۋالىدىكەن. 10 يۇەندىن سېتىۋالغانلىرى ئىنتايىن ئاز بولىدىكەن. ئۇلار پىلە سورتىنى خالىغانچە باھالاپ، خالىغانچە باھا قويىدىكەن. سورتىنى، باھانى خالىغانچە تۆۋەنلىتىدىكەن، غىدىڭ – پىدىڭ قىلىشقا بولمايدىكەن...

نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ سېتىۋالغۇچى تەرەپ نېمىشقا بۇنچىۋالا زومىگەرلىك قىلىشقا جۈرەت قىلالايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دېھقانلارغا «پىلەڭنى پالان فابرىكىغا ساتىسەن» دەپ بەلگىلەپ بەرگەن. بەلگىلەنگەن فابرىكىغا ساتمىغۇچىلارنىڭ پىلە ئىشلەپ چىقارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي، جەرىمانە ئالغان. ھۆكۈمەت تەرەپ دېھقانلارغا پىلىسىنى يۇقىرىراق باھادا ئالىدىغانلارغا سېتىشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقتىن ياكى پىلىنى رىقابەتلىشىپ سېتىۋالىدىغان تەرەپنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمىغانلىقتىن بەلگىلەنگەن سېتىۋالغۇچى تەرەپ باھانى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە جۈرئەت قىلغان. دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئۆز مەيلىچە مۇئامىلە قىلغان.

1994 – يىلى يازدا خوتەنلىكلەرنىڭ ھەممىسى تىجارەتچىلەر سېتىۋىلىپ، ئىچكىرىگە يۆتكەپ ماڭغان ئىككى ماشىنا پىلىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدى. گەرچە روزى توختى ھاجىمغا ئوخشاش يۇۋاش بىچارىلەر پىلىسىنى يۇقىرى باھادا ئالىدىغان تىجارەتچىلەرگە سېتىشقا جۈرەت قىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا يەككە تىجارەتچىلەرگە ساتىدىغانلار چىقىپتۇ. چۈنكى، ئۇلار قويغان باھا ئادەمنى ماگنىتتەك جەلپ، گۈلدەك مەھلىيا قىلىپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟! ئەپسۇسكى، دېھقانلارنىڭ پىلىسىنى يۇقىرىراق باھادا ئالغان تىجارەتچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولماپتۇ. بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلغان بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قورۇقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇلار سېتىۋالغان پىلىنى مۇسادىرە قىپتۇ...

بەلكىم بەزىلەر: يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ پىلە يۆتكىشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقىمىزدا خام ئەشيانى ئۆز ئورنىمىزدا پىشىقلاپ ئىشلەش نەزەردە تۇتۇلغان، دېيىشى مۇمكىن. بۇ گەپ ھەرگىزمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

1994 – يىلى خوتەن بىرىنچى ترانسپورت شىركىتى (پەقەت بىرىنچى ترانسپورت شىركىتىلا) خوتەن يىپەكچىلىك فابرىكىسى ساتقان 500 توننا پىلىنى جىجىياڭدىكى خاڭجۇ، جىياڭسۇدىكى ۋۇشى، سىچۇەندىكى چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارغا يۆتكىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئازراق لاس پىلىنىڭ كىلوگرامى بەش يۇەندىن سەككىز يۇەنگىچە سېتىلغاندىن باشقا، كۆپ قىسىم سۇپەتلىك پىلە 25 يۇەندىن 30 يۇەنگىچە بولغان باھادا سېتىلدى. ۋەھالەنكى، بۇنى ھېچكىم «خام ئەشيانى ئۆز ئورنىمىزدا پىشىقلاپ ئىشلەيمىز» دەپ توسۇمىدىغۇ؟ مۇسادىرە قىلىشقا ھېچكىم جۈرئەت قىلالمىدىغۇ؟

25 يۇەندىن 30 يۇەنگىچە بولغان يۇقىرى باھاغا دىققەت قىلىڭ. مانا بۇ دېھقانلاردىن يەتتە يۇەن، سەككىز يۇەندىن سېتىۋىلىپ ئىككى يېرىم ھەسسە ھەتتا ئۈچ ھەسسە پايدا ئېلىش! ئۇلار شۇنچە كۆپ پايدا ئالغۇدەك قانچىلىك ئىش قوشقان؟ ئاران پىلىنى بۇسلىدى. پىلە ئىچىدىكى قۇرتنى ئۆلتۇردى شۇ.

سېتىۋالغۇچى تەرەپ (ئۇلارمۇ يەككە تىجارەتچىلەر) 25 يۇەندىن 30 يۇەنگىچە بولغان يۇقىرى باھادا سېتىۋىلىشقا چىداپلا قالماي، يەنە ھەر بىر ماشىنا پىلىنىڭ كىراسى ئۈچۈن (پىلىنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى كىچىك، ھەجمى چوڭ بولغانلىقتىن ئۇزۇن كوزۇپلۇق ماشىنىغىمۇ 4 – 5 توننىدىن ئارتۇق باسقىلى بولمايدۇ) 15 مىڭ يۇەندىن 16 مىڭ يۇەنگىچە كىرا تۆلەشكىمۇ چىدىدى. بۇ بىزگە بازاردا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بازاردا بىر كىلوگرام پىلىنىڭ باھاسى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەمدۇ؟...

ئۇلار 500 توننا (500 مىڭ كىلوگرام) پىلىنى ساتتى. دەل ئەنە شۇ چاغدا فابرىكىدىكى بىر قىسىم ئىشچى «ئىش يوق، خام ئەشيا يوق» دېگەن سەۋەب بىلەن ئائىلىسىدە بىكار ئولتۇرۇشقا مەجبۇر قىلىندى. بۇ دىرىكتورنىڭ پىلىگە ئىش قوشۇپ، يىپەك تارتىپ، ئىشچىلارغا مائاش بېرىپ يۈرگىچە پىلىنىڭ ئۆزىنى سېتىپلا پايدا ئېلىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتىمۇ ئاشۇنداق قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرمەمدۇ؟

ئۇلار ھەر كىلوگرام پىلىنى 25 – 30 يۇەندىن ساتتى. ئارىدا دېھقانلارنىڭ 15 – 20 يۇەن ھەققىنى قاراپ تۇرۇپ سوقۇپ كەتتى. بۇنى نېمە دېيىش كېرەك؟ بۇنى زاۋۇتلارنىڭ، دىرىكتورلارنىڭ دېھقانلارنى ئىكسپىلاتاتسىيە قىلىشى دېمەي ئىلاج يوق.

رىقابەتلىشىپ سېتىۋالىدىغان تەرەپنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدىغان، سېتىۋالغۇچى تەرەپ ئالدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن تۇرسا، سېتىۋالغۇچى فابرىكا تەرەپ بۇنداق پايدىلىق شارائىتتىن نېمىشقىمۇ پايدىلانمىسۇن؟ نېمىشقا خالىغانچە تۆۋەن باھادا سېتىۋالمىسۇن؟ ھەر نېمە دېگەن بىلەن بۇمۇ بىر سودىغۇ؟!

زاۋۇتلارنىڭ پىلىنى ئاشۇنداق ئەرزان باھادا سېتىۋىلىشىنىڭ نېمە ئاساسى بار؟ ياكى ئۇلار پىلىچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا مەبلەغ سالغانمۇ؟ ئۈجمە بەرپا قىلغانمۇ؟ قۇرتخانا ياسىغانمۇ؟ دېھقانلارغا سۆچەك ياساپ، بامبۇك سىۋەت ئېلىپ بەرگەنمۇ؟ دىزىنفىكسىيە قىلىش دورىلىرى بەرگەنمۇ؟ ھەقسىز پىلە قۇرتى بىلەن تەمىنلىگەنمۇ؟ ياق. پىلىچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ھەممە مەبلەغنى دېھقانلار ئۆز يانچۇقىدىن چىقارغان. ئەمەلىيەتتە خام ئەشيا ئىشلەتكۈچى فابرىكا دىرىكتورلىرى قۇرتخانا نەدە، قۇرتنى قانداق باقىدۇ، قۇرت نەچچە كۈندە پىلىگە ئايلىنىدۇ، دېگەنلەرنىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇلار پەقەت ئەرزان سېتىۋىلىشنىلا بىلىدۇ...

خوتەن يىپەكچىلىك فابرىكىسىدا ئىشلەيدىغان، تېخى يېقىندىلا ئىچكىرىدىكى پىلىچىلىك رايونلىرىغا بېرىپ كەلگەن x «مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرىدا پىلىنىڭ باھاسى ئاللىقاچان قويۇۋىتىلىپتۇ، پىلىكار پىلىسىنى كىم يۇقىرى باھادا ئالسا شۇنىڭغا ساتالايدىغان بوپتۇ» دەپ سۆزلەپ بەدرى. بىز ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ پاختىنىڭ باھاسىنى قويۇۋىتىشكە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سىياسەتلەرنى ئاڭلىدۇق. لېكىن، پىلىنىڭ باھاسىنى قويۇۋىتىشكە بولمايدۇ دېگەن گەپنى ئاڭلىمىدۇق...

روشەنكى، پىلىنى بەلگىلەنگەن فابرىكىغا سېتىش، بەلگىلەنگەن «تۆمۈر باھا»دا سېتىش، باشقىلارنىڭ پىلە سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويماسلىق خوتەندىكى يەرلىك سىياسەت.

بىز بۇ يەردە، مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرىدا قويۇۋىتىلگەن پىلە سودىسى، پىلىنىڭ باھاسى نېمە ئۈچۈن خوتەندە قويۇۋىتىلمەيدۇ، خوتەندە پىلە باھاسىنىڭ قويۇۋىتىلمەسلىكىدە كىمنىڭ مەنپەئىتى نەزەردە تۇتۇلغان ، دېگەن سوئاللارنى قويۇشقا تامامەن ھەقلىقمىز.

ئەسلى خوتەندەك مۇشۇنداق ھەممە ئېتىراپ قىلغان ئالاھىدە نامرات رايوندا، چەت، يىراق، چېگرا رايوندا، مىللىي تىررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلغان رايوندا، ھەر قانداق سىياسەت كەڭرى بولۇشى، ھەر قانداق باھا ئالدىن قويۇۋىتىلىشى كېرەك ئىدى ئەمەسمۇ؟ مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بازار ئىگىلىكى نېمە ئۈچۈن خوتەندە كۈچكە ئىگە بولالمايدۇ؟ پاكىتلار چۈشەندۈرىدىكى، «تۆمۈر باھا»دىن دۆلەت تۈزۈكرەك پايدا ئالغىنى يوق. يەرلىك مالىيىمۇ تۈزۈكرەك پايدا ئالغىنى يوق. ئەكسىچە «تۆمۈر باھا»دىن يىپەكچىلىك فابرىكىلىرىنىڭ دىرىكتورلىرى راستتىنلا بېيىدى. بېيىپ خۇددى تورغا كىرىش ئالدىدىكى پىلە قۇرتىدەك سەمرىدى. بىز پىلىچىلىكنىڭ كىملەرگە پايدا كەلتۈرگەنلىكى توغرىسىدا كېينكى بابتا پاكىتلار ئارقىلىق تەپسىلىي توختىلىمىز. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى «تۆمۈر باھا»دىن پايدىلىنىپ، چونتىكىنى توملاۋاتقان يەنە بىر خىل مىتىلەر توغرىسىدا كىچىككىنە ھېكايە ئاڭلايلى.

تۆۋەندىكىسى لوپ ناھىيە x يېزا x كەنتىدىكى دېھقان x ئاخۇننىڭ ماڭا سۆزلەپ بەرگەنلىرى:

«1993 – يىلى مەن باققان بىر قۇتا باھار پىلىسى ئانچە ئوبدان ئوخشىمىدى. ئوخشىمىدى دېگىنىم، غوزەكلىرى كىچىك، روزگى دېگىنىم ئەمەس. پىلىنىڭ رەڭگى سىرىققا مايىل چىقىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ يەنىلا ساتماي بولمىدى. پىلە سېتىۋىلىش ئورنىدا ئادەم جىق ئىكەن. ساقلاپ تۇردۇم، پىلە سورتلاۋاتقان يەرگە قىستىلىپ بېرىپ، باشقىلارنىڭ پىلىسىنى قانداق ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆزەتتىم. 4 -5 ئادەمنىڭ پىلىسى سورتلاندى. ھېچقايسىسى سەككىز يۇەندىن يۇقىرى باھاغا ئېرىشەلمىدى. مېنىڭكىدەك سارغىيىپ قالغان پىلىلەر بولسا ئالتە يېرىم يۇەندىن ئاشمىدى. مەن بەك ئۇمىدسىزلەندىم. كۆڭلۈمدە «ئاران ئالتە يۇەندىن ئالغۇدەك» دەپ ئويلىدىم، ئاۋازىم سىرتقا چىقىپ كەتكەنمۇ نېمە، بىلمەيمەن، بىر چاغدا كىمدۇر بىرى پىشىمدىن تارتتى. بۇرۇلۇپ قارىسام، شىلەپە كىيىۋالغان بىر يىگىت ئىشارەت قىلىۋاتىدۇ. يانغا چىقتۇق.

― پىلىلىرى قانداقراق، ئاكا؟ سۈپىتى ياخشىمۇ؟

مەن ئۇنىڭغا راست گەپنى دېدىم:

―  ناچار، رەڭگى  سارغۇچ چىقىپ قالدى كاساپەتنىڭ...

― سېرىق پىلىنىڭ باھاسى بەك تۆۋەن ئىكەن، كۆرگەنلا... شۇنداقتىمۇ ماڭا بەرسىلە، مەن بىر ئامال قىلىپ كۆرەي...

― سىزگە بەرسەم قانداق بولىدۇ؟ ۋەزىپىمىز بار ئەمەسمۇ؟

― ياق، ماڭا سېتىۋەتسىلە دېمىدىم، مەن سېتىپ بېرەي، تالونىنىمۇ ئۆزلىرىگە بېرىمەن، پەقەت ... قانچە پۇلدىن ئالار ئۆزلىرىچە، يەتتە يۇەندىن بولسا بولامدۇ؟...

مەن ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەنىدىم. ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇردۇم. يىگىت توختىماي سۆزلەپلا كەتتى.

― يەتتە يېرىم يۇەن بولامدۇ؟ بوپتۇ، سەككىز يۇەن بېرەي، ئەمدىغۇ ماقۇل دەرلا...

مەن يەنىلا ھېچنېمىنى چۈشەنمىدىم. ئالتە يېرىم يۇەندىن ئېلىۋاتقان پىلىگە قانداقچە سەككىز يۇەندىن پۇل بېرەي دەيدۇ بۇ؟ ياق. مەن بۇنداق لاتا قسىماققا دەسسىمەيمەن. كاللىمۇ يېمەيمەن، چىشمۇ چاقمايمەن...

يىگىت ماڭا توختىماي نېمىلەرنىدۇ چۈشەندۈرەتتى.

― سىلە ھەر كىلوگرامغا پىلە ئۈچۈن سەككىز يۇەن پۇل بىلەن تالوننى ئېلىشنى بىلسىلە، قالغان ئىشنى ئۆزەم توغرىلايمەن. ئىشەنمەيۋاتاملا ماڭا؟ پىشىمنى تۇتۇپ بىرگە بارسىلا، مەن پەقەت ئازراق...

شۇنداق قىلىپ شىلەپىلىك يىگىت خالتىنىڭ بىر تەرىپىنى، مەن بىر تەرىپىنى تۇتۇپ پىلىنى ئۆتكۈزگىلى ماڭدۇق. كۆڭلۈمدە ئاللىبىر گۇمان كىزەتتى. نېمىدىندۇر ئەنسىرەپلا تۇراتتىم. يىگىت ئۆچرەتكىمۇ قارىمىدى. پىلە سورتلىغۇچىنىڭ ئالدىغىلا ئاپىرىپ تاشلىدى. ھېچنېمە دېيىشمەيلا بىر دەمدىلا پىلىنى ئۆتكۈزۈپ بولدى. مەن 15 كىلوگرام پىلە ساتقانلىق توغرىسىدىكى تالون بىلەن 120 يۇەن پۇلنى تاپشۇرۇۋىلىپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. ئازراق ساۋادىم بار ئەمەسمۇ، تالونغا دىققەت بىلەن تىكىلدىم، يالغان ئەمەس راست تالون. ۋاھ، كىلوسىنى ئون يۇەندىن يېزىپتۇ ئەمەسمۇ؟... مەن شۇندىلا ئازراق چۈشەنگەندەك بولدۇم، كاساپەت بىردەمدىلا 30 يۇەن تېپىپتۇ ئەمەسمۇ، ئەجەپ يولى كەڭ يىگىتكىنا...

مەن شۇ كۇنى ئالدىراپ يانماي ھېلىقى يىگىتنى خېلى ئۇزۇن كۆزىتىپ تۇردۇم. ئۇ يەنە 3 – 4 ئادەمنىڭ پىلىسىنى سۇ قىلىپ بەردى. مەن ئۇزاق ئويلاپ ئۇنىڭ پىلە سېتىۋالغۇچى بىلەن بىرلىشىۋالغانلىقىنى، پايدىنى تەڭ بۆلۈشىدىغانلىقىنى چۈشەندىم...»

مانا بۇ دېھقانلارنىمۇ، زاۋۇت تەرەپنىمۇ شۈلۈپ يەيدىغان يەنە بىر خىل مىتىلەر. «تۆمۈر باھا» دىن پايدىلىنىپ پىلە قۇرتىدەك سەمرىۋاتقان مىتىلەر. ئەگەر پىلىنىڭ باھاسى يۇقىرىراق بولسا، ئەركىن ئېلىپ - سېتىشقا مۇمكىن بولسا، بۇنداق مىتىلەرگىمۇ يوچۇق چىقارمىدى؟

خۇلاسە شۇكى، «تۆمۈر باھا» - «تۆۋەن باھا» - دېھقانلارنىڭ پىلىچىلىك ئارقىلىق بېيىيالماسلىقىدىكى يەنە مۇھىم بىر ئامىل.

9. توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلىغانلار ھەققىدە پاراڭ

بىز پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش ھېسسىياتىمىز بىلەن ئەستايىدىل ئويلاپ كۆرسەك دېھقانلارنىڭ قەلبىنى تامامەن چۈشىنىپ كېتەلەيمىز. ھېلىقى «نېمىسىنى دەيلا غوجام، پىلىچىلىك بىر زۇلۇم بولدى، زۇلۇم» دېگەن دېھقاننىڭ، بىر تۈپ ئۈجمىنى كېسىپ تاشلىغان دېھقاننىڭ، پىلە قۇرتىنى ئۆستەڭگە تۆكۈۋەتكەن  دېھقاننىڭ ۋە باشقا دېھقانلارنىڭ قەلبىنى چۈشىنەلەيمىز. ھېلىقى دېھقان «دېھقان دېگەن بىدىگە ئوخشايدىكەن، ئۆسسە ئورىدىكەن، يەنە ئۆسسە يەنە ئورىدىكەن» دېگەن ئوبرازلىق، ھەسرەتلىك ئوخشىتىشىنى چۈشىنىپ كېتەلەيمىز... دېھقان دېگەنمۇ ئادەم بولغانلىقتىن، يەنە كېلىپ جېنى بار، ھېسسىياتلىق، ئاڭ – پىكىرگە ئىگە مەخلۇق بولغانلىقتىن، ئۆزىگە پايدا كەلتۈرمىگەن ئىشقا، دەرد – ئەلەم ئېلىپ كەلگەن ئىشقا ئەلۋەتتە نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. نارازىلىقىنى ھەرىكىتى ياكى گەپ – سۆزىدە ئىپادىلەيدۇ.

بىز ئالدى بىلەن دۆلەت ۋە يەرلىك مالىيىنىڭ پىلىچىلىكتىن قانچىلىك كىرىم قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئېغىرلىقى بىر گرامدىن ئارتۇق كېلىدىغان بىر تال پىلىدىن 500 مىتىر ئۇزۇنلۇقتا يىپەك سوزغىلى بولىدۇ. يەتتە توننا ئەتراپىدىكى ياخشى پىلىدىن بىر توننا يىپەك ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ. ئەڭ تۆۋەن ئولچەم بىلەن ئېيتقاندىمۇ، ئون توننا پىلىدىن بىر توننا يىپەك ئىشلەپچىقىرىش تامامەن مۇمكىن. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، خوتەن دېھقانلىرى 1994 – يىلى ئىشلەپ چىقارغان 3700 توننا پىلىدىن 370 توننا خام يىپەك چىقىدۇ.

«خوتەن گېزىتى» لوپ ناھىيىلىك يىپەكچىلىك فابرىكىسىنىڭ «مەملىكەت بويىچە ئۈنۈمى ياخشى، جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى زور 500 يېزا – بازار كارخانىسىنىڭ بېرى»، «ئومۇمىيۈزلۇك سۈپەت باشقۇرۇشتا نىشانغا يەتكەن كارخانا» دەپ تونۇشتۇردى ۋە 1994 – يىلى 130 توننا يىپەك ئىشلەپچىقىرىپ، 18 مىليون يۇەن مەھسۇلات قىممىتى يارىتىپ، ئىككى مىليون يۇەن باج – پايدا تاپشۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئەگەر بىز ئاشۇ «ئۈنۈمى ياخشى كارخانا»نىڭ باج – پايدا تاپشۇرۇشىنى ئۆلچەم قىلىپ ھېسابلاپ كۆرىدىغان بولساق، 370 توننا خام يىپەك ئىشلەپ چىقارغان خوتەندىكى يىپەكچىلىك فابرىكىلىرى 1994 – يىلىدا دۆلەتكە ۋە يەرلىك مالىيىگە 5 مىليون 692 مىڭ 301 يۇەن 69 پۇڭ باج – پايدا تاپشۇرغان بولىدۇ. ئاران بەش يېرىم مىليوندىن ئارتۇقراق! بۇ قانچىلىك پۇل؟ سېلىشتۇرۇپ ئېيتساق: بۇ خوتەنگە جايلاشقان ئالىي مەكتەپ – خوتەن ئالىي سىفەن تىخنىكۇم مەكتىپىنىڭ دۆلەت كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر يىللىق چىقىمىغىمۇ يەتمەيدۇ!

ئەگەر بىز ئاشۇ بەش يېرىم مىليوندىن ئارتۇقراق پۇلنىڭ يېرىمى دۆلەتكە باج ھېسابىدا تاپشۇرۇلغان، يېرىمى يەرلىك مالىيىگە پايدا ھېسابىدا ئۆتكۈزۈلگەن دەپ قارىساق، يەرلىك مالىيىگە تاپشۇرۇلغان ئىككى يېرىم مىلىيوندىن ئارتۇقراق پۇل ھەر قايسى ناھىيىلەر پىلە بېقىشنى تۇتۇش ئۈچۈن ئاجراتقان 200 – 300 كادىرنىڭ مائاش ۋە كاماندىروپكا راسخوتىغا، مۇكاپاتىغا، ناھىيە ۋە يېزا رەھبەرلىرىنىڭ قان – تەرىگە، ئەقلىنىڭ ئۇپرىشىغا، جان كۆيدۈرۈشلىرىگە چىقىشامدۇ؟ بەدەل بولالامدۇ؟ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، پىلە، يىپەكچىلىكتىن دۆلەت ۋە يەرلىك مالىيىنىڭ ئېرىشكەن كىرىمى چاغلىق. ئۇ ئېغىزغا ئالغۇچىلىك سانمۇ ئەمەس.

بىز ئاشۇ «ئۈنۈمى يۇقىرى كارخانا»نىڭ 130 توننا خام يىپەك ئىشلەپ چىقارغان يىلى 18 مىليون يۇەن مەھسۇلات قىممىتى ياراتقانلىقىغا تايىنىپ تۇرۇپ، خوتەندىكى يىپەكچىلىك كارخانىلىرىنىڭ 370 توننا يىپەك ئىشلەپ چىقارغان شۇ يىلى (370 توننا يىپەك ئىشلەپ چىقاردى دېگىنىمىز ئەڭ تۆۋەن مۆلچەردە ئېيتىلغان سۆز) 51 مىليون 230 مىڭ 769 يۇەن 20 پۇڭ مەھسۇلات قىممىتى ياراتقانلىقىنى ھېسابلاپ چىقالايمىز.

بىز يەنە خوتەن يىپەكچىلىك فابرىكىسىنىڭ ئىلغار ئىشچىسى ئارزۇگۇلنى تونۇشتۇرغان ماقالىدىكى «بىر توننا خام يىپەكنىڭ باھاسى 180 مىڭ يۇەن» دېگەن سۆزىگە تايىنىپ تۇرۇپ 370 توننا خام يىپەك ئىشلەپ چىقارغان شۇ يىلى خوتەندىكى يىپەكچىلىك فابرىكىلىرىنىڭ 66 مىليون 600 مىڭ يۇەن مەھسۇلات قىممىتى ياراتقانلىقىنى ھېسابلاپ چىقالايمىز. بىز شۇ يىلى خەلقئارا بازاردا بىر توننا يىپەك باھاسىنىڭ 240 مىڭ يۇەن بولغانلىقىنى نەزەرىمىزدىن ساقىت قىلىپ، فابرىكا تەرەپنىڭ «180 مىڭ يۇەن بولدى» دېگىنىگە ئىشەنگەن چېغىمىزدا، ھېلىقى «ئۈنۈمى يۇقىرى كارخانا»نىڭ 18 مىليون يۇەن مەھسۇلات قىممىتى ياراتقان 1994 – يىلى ھەر توننا يىپەكنىڭ باھاسىنى 138 مىڭ 461 يۇەن 50 پۇڭ ھېسابلاپ دۆلەتكە ۋە يەرلىك مالىيىگە ئاران ئىككى مىليون يۇەن باج – پايدا تاپشۇرغانلىقىغا نېمە دېگۈلۈك؟ بۇ كۇلكىلىك ئەمەسمۇ؟ بەلكىم ئۇلار يىپەكنى ئوبدان باھادا ئالىدىغان بازارنى تاپالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ۋەھالەنكى، ئۇلار شۇ يىلى «يىپەك بازىرىنىڭ ئىتتىك، باھاسى يۇقىرى بولغان» لىقىنى ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلغانغۇ؟!

بىز ئاشۇ ھەر توننا يىپەكنىڭ باھاسى 180 مىڭ يۇەن دېگەن سۆزگە ئىشىنىپ 370 توننا خام يىپەك ئىشلەپ چىقىرىلغان يىلى 66 مىليون 600 مىڭ يۇەن مەھسۇلات قىممىتى يارىتىلدى دەپ قارىساق ۋە بۇ ساندىن زاۋۇت تەرەپ پىلە سېتىۋالغان 37 مىليون يۇەن بىلەن دۆلەتكە باج – پايدا ھېسابىدا تاپشۇرغان 5 مىليون 692 مىڭ 307 يۇەن 50 پۇڭنى چىقىرىپ تاشلىساق، زاۋۇت تەرەپكە 23 مىليون 907 مىڭ 792 يۇەن 50 پۇڭ قالغان بولىدۇ. ئەگەر بىز ھەر توننا يىپەكنىڭ باھاسىنى خەلقئارا بازاردىكى 240 مىڭ يۇەن بويىچە ھېسابلىساق، زاۋۇت تەرەپكە قالغان پۇل يەنىمۇ كۆپىيىدۇ. ئەمگەك كۈچى باشقا ھەر قانداق جايدىكىدىن ئەرزان (ئىشچىلار 30، 40 يۇەن، 60 يۇەن، 70 يۇەن بېرىلگەن ئايلاردىمۇ غىڭ قىلماي ئىشلەشكە مەجبۇر . چۈنكى ئۇ ئىشلىمىسە ئىشلەيدىغان باشقا ئادەم چىقىدۇ)، سۇ پۇلى، توك پۇلى ئەرزان خوتەن رايونى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا شۇنچىۋالا جىق پۇل كېتەمدۇ؟ يۇقىرىقى سان – سىفىرلاردىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، گەرچە دۆلەت ۋە يەرلىك مالىيىنىڭ ئېرىشكىنى چاغلىق بولسىمۇ، لېكىن زاۋۇت تەرەپكە قالغان پايدا ئاز ئەمەس. ھەتتا ئۇ ئۇلار تاپشۇرغان باج – پايدىدىن ئېشىپ كېتىشى ياكى تۆۋەن مۆلچەرلىگەندىمۇ شۇنىڭغا تەڭلىشىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا پىلە – يىپەكچىلىككە تايىنىپ ئىشچىلار بېيىدىمۇ؟ زادى كىم بېيىدى؟

پىلە – يىپەكچىلىككە تايىنىپ بېيىغانلار ئۈچ تائىپىدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار فابرىكا دىرىكتورلىرى، جەرىمانىچىلەر ۋە ھەر ئىككى تەرەپنى قاقتى – سوقتى قىلىدىغان ھېلىقى ئالدامچى مىتىلەردۇر.

پىلە – يىپەكچىلىك ئارقىلىق بېيىغانلارنىڭ بىرىنچىسىنى، شۇنداقلا ھەقىقىي تۈردە بېيىغانلارنى يىپەكچىلىك فابرىكىلىرىنىڭ دىرىكتورلىرىدىن ئىبارەت ئاز ساندىكى بىر قانچە كىشى دېمەي ئىلاج يوق. خوتەندىكى يىپەكچىلىك زاۋۇتلىرىمۇ مۇشۇ دەۋردىكى باشقا كارخانىلارغا ئوخشاشلا زىيان تارتسىمۇ زىيان تارتمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. زاۋۇتنىڭ تاپاۋىتى ئازىيىپ كەتسە، دۆلەت ۋە يەرلىك مالىيە ئىگە بولىدىغان باج – پايدا ئازىيىدۇ. ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى ۋە مۇكاپاتىمۇ ئازىيىدۇ. ئەكسىچە دىرىكتورلارنىڭ مائاش – مۇكاپاتى ئازايمايدۇ. يىل ئاخىرىدا ئالىدىغان پالان پىرسەنت ئۈلۈشىمۇ ئازايمايدۇ. ئايرىم ھېساب ئېچىپ، باجدىن قاچۇرۇپ قىلىدىغان توپ كىرىمىمۇ ئازايمايدۇ. يىپەكچىلىك فابرىكىلىرىنىڭ دىرىكتورلىرى راستتىنلا بېيىدى، بېيىپ ھەتتا قانۇننى كۆزگە ئىلمىغۇدەك دەرىجىگە يەتتى.

ئالدىنقى يىلى مەلۇم زاۋۇتتا ئامبارچىنىڭ يىپەك تارتىش ماشىنلىرى ۋە يىپەك رەخت توقۇش ماشىنىلىرىنىڭ مىستىن ئىشلەنگەن بىر تۈركۈم زاپچاسلىرىنى ساتقانلىقى ۋە پۇلىغا خىيانەت قىلغانلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى. بۇ ئىش جىددىي تەكشۈرۈلۈۋاتقاندا ھېلىقى ئامبارغا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى. كېين ساقچى تەرەپ ئامبارچىنىڭ تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن قەستەن ئوت قويغانلىقىنى دەلىللەپ، ئۇنى قولغا ئالماقچى بولدى. مانا شۇ ئىشقا ئۆلگۈرۈپ كاماندىروپكىدىن قايتىپ كەلگەن زاۋۇت دىرىكتورى x (ئاڭلىشىمچە، ئۇ ھeلىقى ئامبارچىغا يىراق تۇغقان كeلىدىكەن ): «زاۋۇتنى مەن ھۆددىگە ئالغان، پايدا – زىيانغا ئۆزۈم ئىگە. مەن سىلەرگە ئامبارچى ماڭا 520 مىڭ يۇەنلىك زىيان سالدى دەپ ئەرز قىلمىدىمغۇ، ئۇنى نېمىشقا قولغا ئالاتتىڭلار؟» دېگەن ۋە يۇقىرى – تۆۋەن مۇناسىۋەت باغلاپ، زىياپەت بېرىپ، پۇل سۇڭلاپ، ئوت قويغۇچىنى قولغا ئېلىشقا يول قويمىغان...

قاراڭلار، ئۇنىڭ يوغانچىلىقىغا! قانۇنغا توسقۇنلۇق قىلىپ، كۆرەڭلەپ كېتىشىگە! ئەگەر ئۇ بېيىپ – سەمىرىپ، تۇلۇمچاشقاندەك تولۇپ كەتمىگەن بولسا قانۇن ئالدىدا ئاشۇنداق يوغانچىلىق قىلالايتتىمۇ؟

ئاشۇ زاۋۇتتىكى كۆپ ئىشتىن خەۋەردار خادىملار ماڭا ئاشۇ قانۇننى توسۇشقا جۈرئەت قىلالىغان x دىرىكتورنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىغا 300 مىڭ يۇەن پۇل خەجلەپ ھەشەمەتلىك داچا سالغانلىقىنى، خېلى كۈلەمگە ئىگە يىپەكچىلىك زاۋۇتى قۇرغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

300 مىڭ يۇەنلىك داچا سالالىغان، يىپەكچىلىك زاۋۇتى قۇرالىغان ئادەمنى ھەقىقەتەن باي دېيىش كېرەك. ئۇنىڭ خوتەن يىپەكچىلىكىگە تايىنىپ بېيىغانلىقىنىمۇ ئەستە تۇتۇش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ پىلە باھاسىنى كونترول قىلىپ بېرىشىگە تايىنىپ بېيىغانلىقىنىمۇ ئەستە تۇتۇش كېرك. ئەگەر پىلە باھاسى مۇۋاپىق بولغان بولسا، ئۇ قىسقىغىنە 5 – 6 يىل ئىچىدە شۇنچىۋالا تولۇپ كېتەرمىدى؟

مىنىڭچە، بېيىشقا بولىدۇ. بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ ئالدىن بېيىشى – ھۆكۈمەت يولغا قويغان سىياسەت. زاۋۇت دىرىكتورلىرىمۇ ئىشلەپچىقىرىشنى ئۇيۇشتۇرۇش ئىقتىدارىغا، فابرىكىغا قوشقان تۆھپىسىگە ئاساسەن، توختام يولغا قويغان ھەقنى ئېلىپ بېيىسا، بۇ نورمال ئەھۋال. لېكىن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ دېھقانلارنى مەجبۇرلاپ – قاقشىتىپ، پىلە باھاسىنى كونترول قىلىپ تۇرۇپ، زاۋۇت دىرىكتورلىرىنىڭ بېيىشىغا يول ئېچىپ بەرگەنلىكى ھەقىقەتەن غەلىتە ئەھۋال.

پىلە – ئۈجمىچىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئارقىلىق بېيىغانلارنىڭ ئىككىنچىسى – يۇرتداشلىرىنى، قۇلۇم – قوشنىلىرىنى يىغلىتىپ، قاقشىتىپ تۇرۇپ جەرىمانە ئالىدىغان ھېلىقى يېزا ۋە كەنت كادىرلىرىدۇر. ئۇلار زاۋۇت دىرىكتورلىرىغا ئوخشاش تۇلۇمچاشقاندەك تولۇپ سەمىرىمىگەن بولسىمۇ، خامان ۋاقتىدىكى سېرىق قۇيرۇقتەك سەمرىدى. قورساقلىرى ئالتە ئايلىق بولغاندەك تومپىيىپ چىقتى. بۇنداقلارنىڭ باي بولۇش ئۇسۇلى شۇكى، ئۇلار پىلىچىلىك ئىشلەپچىقىرىشى جەريانىدىكى ھەر خىل ئىش ھالقىلىرىدىن چاتاق تېپىپ جەرىمانە قويىدۇ؛ دېھقانلاردا نەق پۇل بولمىسا ئۇلارنىڭ قوي – ئۆچكىلىرىنى، توخۇ – ئۆردەكلىرىنى ھەيدەپ ماڭىدۇ؛ گىلەم – كىگىز، يوتقان – كۆرپە قاتارلىق ئائىلە بىساتلىرىنى سورەپ ماڭىدۇ؛ دېھقاندىن ئېلىنغان جەرىمانىگە ئەگەر گۇۋاھچى بولمايلا قالسا (ياكى بولغاندىمۇ ) تالون ياكى ھۆججەت يېزىپ بەرمەيدۇ؛ شۇ ئارقىلىق جەرىمانە ئېلىنغان پۇلنى ئۆز چونتىكىگە سېلىۋالىدۇ.  قوي – ئۆچكە ۋە باشقا ئائىلە سايمانلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ. بۇ خىل يول بىلەن شەخسنىڭ  قارنىغا كىرىپ كەتكەن پۇل دېھقانلاردىن ئېلىنغان ئومۇمىي جەرىمانە پۇلىنىڭ 50 پىرسەنتىنى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇقراقىنى تەشكىل قىلىدۇ، دەپ مۆلچەرلەشكە بولىدۇ. ئەتىيازلىق ۋە كۈزلۈك پىلە بېقىش مەزگىلىنى ئاشۇ جەرىمانىچىلەرنىڭ يانچۇقى كۈنلەپ – سائەتلەپ تومپىيىۋاتقان، ئۇلارنىڭ باي بولۇش سۈرئىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن مەزگىل دەپ قاراشقا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن يىلغا سوزۇلغان پىلىچىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تەييارلىق ۋاقتىنىمۇ ئۇلارنىڭ جەرىمانىچىلىك بىلەن ئۆزلۈكسىز شۇغۇللانغان ۋاقتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى، ئاشۇ تەييارلىق مەزگىلىدىمۇ ئۇلارغا ئوخشاشلا جەرىمانە ئېلىش پۇرسىتى تەييارلانغان بولىدۇ. ھەقىقىي جەرىمانىچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، دېھقانلارنىڭ ھەممە ئىشلارنى ۋاقتىدا ۋە تولۇق ئورۇندىشى ئۇنىڭ كىرىمىنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ كۆپرەك دېھقانلارنىڭ تاپشۇرۇلغان ئىشلارنى قىلماسلىقىنى ياكى تولۇق ئورۇندىيالماسلىقىنى ئۇمىد قىلىدۇ. بىز جۈرئەت ۋالىينىڭ تېلېۋىزىيە نۇتقىدىكى ھېلىقى بىر كەنتتىلا 189 مىڭ يۇەن پىلە جەرىمانىسى ئېلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ شۇ كەنتتىكى ھەر بىر ئائىلىگە 448 يۇەندىن توغرا كەلگەنلىكى (ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن ئارتۇقراق توغرا كېلىشى كېرەك، چۈنكى كەنت كادىرلىرىنىڭ ئائىلىلىرى قاتارلىق پىلە قۇرتى باقمايدىغان ئائىلىلەرمۇ بار. ئۇلار ئەلۋەتتە جەرىمانە تۆلىمىگەن)دىن ئىبارەت پاكىتنى يادىمىزغا ئالساقلا، جەرىمانىچىلارنىڭ باي بولۇش دەرىجىسىنى، باي بولۇش سۈرئىتىنى ، باي بولۇش ۋاستىنى ئېنىق تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.

دېھقانلارنىڭ جەرىمانىچىلەرگە قارىتا كۆز قارىشى قانداقراق؟ دېھقانلار يەنىلا ئۇلارنىڭ باي بولۇشىنى، باي بولۇپ كۆز قارنىنىڭ تويۇشىنى ئۇمىد قىلىدۇ. ئۇلار تويغاندىلا جەرىمانىچىلىك پەسكويغا چۈشەرمىكىن دەپ ئويلايدۇ. بىز بۇ يەردە خوتەندە تارقىلىپ يۈرگەن بىر لەتىپىنى ئەسلىتىپ ئۆتەيلى.

مەلۇم بىر كەنتتە كەنت سىكرىتارىنىڭ خىيانەتچىلىكى ئاشكارا بولۇپ، يۇقىرىدىن كەلگەن كادىر ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىماقچى بولۇپتۇ. لېكىن ، ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشقا دېھقانلار قوشۇلماپتۇ. يۇقىرىدىن كەلگەن كادىر: «ئۇ خىيانەتچى تۇرسا، نېمىشقا ئۇنى قالدۇرۇۋىتىشكە ئۇنىمايسىلەر» دەپ سورىغاندا، دېھقانلار: «سىلەر يېڭىسىنى تىكلىسەڭلار، بىز ئۇنى باي قىلىپ بولغۇچە مادارىمىزدىن كېتىپ قالىمىز، ئاخىرقى مال – چارۋا، ئاخىرقى بىساتىمىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىمىز، ئەڭ ياخشىسى بېيىپ بولغان ئاشۇنى قالدۇرۇۋەتمەيلى» دەپتۇ...

بۇ ھەقىقىي بولغان ئەھۋال ئەمەس، بەلكى بىر لەتىپە، لەتىپە بولغاندىمۇ دېھقانلارنىڭ كۆز قارىشىنى، جەرىمانىچىلەرنىڭ قانچىلىك بېيىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۇرىدىغان لەتىپە.

پىلىچىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئارقىلىق بېيىغانلارنىڭ ئۈچىنچىسى پىلە سېتىۋىلىش پونكىتىدا پىلە سورتىنى ئايرىيدىغان، باھاسىنى بېكىتىدىغان ھېلىقى كىشىلەردۇر. ئۇلار قەستەن پىلە سورتىنى چۈشۈرۈش، باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق زاۋۇت تەرەپكە پۇل تىجەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، ئەل – ئاغىنىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، دېھقانلارنىڭ پىلىسىنى ۋەكالىتەن سېتىپ بېرىش، زاۋۇت ھېسابىغا قىممەت ئۆتكۈزۈپ، دېھقانلارغا ئاز پۇل بېرىش ئارقىلىق ( 8 – بابنىڭ ئاخىرىدىكى ۋەقەگە قاراڭ)چونتىكىنى توملايدۇ. ئۇلار ھەر ئىككىلا تەرەپكە زىيان سالىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلار كېينكى ئۇسۇلنى قوللانغاندا پاش بولۇپ قېلىش خەۋپىگە تەۋەككۇل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ باي بولۇش مەزگىلى قىسقا بولۇپ، زور دەرىجىدە بېيىپ كېتەلمىسىمۇ كىرىمى ئاشىدۇ. ھەر يىلى پۇرسەتكە ئېرىشىپ تۇرىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل ئادەم پىلىچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئىبارەت چوڭ توپىلاڭدا توقاچ ئوغرىلاپ بېيىغانلاردۇر. بىزنىڭ ئۇلارنى توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلىغانلار دېيىشىمىز ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتكەن گەپ ئەمەس.

10. دېھقانلار يادلاپ يۈرگەن شېئىر

يىغىپ ئېيتقاندا بۇ ئەدەبىي ئاخباراتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر دېھقانلار پىلىچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى نېمىشقا «زۇلۇم» ھېس قىلدى، بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلغان بۈگۈنكى كۈندە پىلە باھاسىنىڭ قويىۋىتىلمەسلىكى قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دېگەن ئىككىلا سوئال جۈملىگە يىغىنچاقلىنىدۇ. يۇقىرىدىكى بىر تالاي پاكىتلار، بايانلار، مۇھاكىمىلەر ۋە زىرىكىرلىك سان – سىفىرلار ئاشۇ ئىككى سوئالغا جاۋاب بېرەلىگەن بولۇشىمۇ، جاۋاب بېرەلمىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئاپتورنىڭ ماتېرىيال توپلاش ئىقتىدارى ۋە ماتېرىياللارغا ئېرىشىش پۇرسىتى چەكلىك بولغانلىقتىن، رېئاللىققا تالىق ئاشۇ تېمىنى تولۇق يورۇتۇپ بېرەلمىگەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن. ئۇ يېزىش جەرىيانىدا «ئۇنداق قىلىش كېرەك ئىدىيەي، مۇداق قىلىش كېرەك ئىدىيەي» دېگەندەك گەپلەرنى يېزىپ سېلىشتىن ئۆزىنى ئىلاجىنىڭ بارىچە قاچۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بەزىدە ھېسسىياتىنى تىزگىنلىيەلمەي، ئاشۇنداق سەنەمگە ئۇسسۇل ئويناپ قالغانلىقىمۇ ئېھتىمال. شۇنداقتىمۇ ئاپتور كىتابخانىلارنىڭ كەچۈرۈۋىتىشىگە ئىشىنىدۇ. شۇنداقلا بەزى تەپسىلات – مەسىلىلەرنى ئېھتىياجدىن ئارتۇق تەكىتلەپ، كىتابخانىلاردا خاتا چۈشەنچە، خاتا ھېسسىيات پەيدا قىلىپ سالغان يەرلىرى بولسا كەچۈرۈم سورايدۇ.

1994 – يىل 18 – دېكابىر خوتەن مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى جۈرئەت مەمتىمىن «ئۈچ قالايمىقان»نى چەكلەش توغرىسىدا يۇقىرى مۇقاملىق، ئەھمىيىتى زور بولغان تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىدى. «مەلۇم ناھىيە، مەلۇم كەنتتە خاس پىلىدىن ئىبارەت بىر تۈردىلا 189 مىڭ يۇەن جەرىمانە قويۇلغان»لىقىنى، بۇ جەرىمانىنىڭ «ھەر بىر ئائىلىگە 448 يۇەندىن توغرا كەلگەن»لىكىنى مىسال كەلتۈرۈپ، جەرىمانىچىلىكنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئاشۇ نۇتۇق ئېلان قىلىنىپ ئون نەچچە كۈندىن كېين «خوتەن گېزىتى» خوتەن شەھىرىدىكى بىر بازار، ئۈچ يېزىدا ئون نەچچە مىڭ يۇەن، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ياۋا، ئورچى يېزىلىرىدا 5600 يۇەن، خوتەن ناھىيىسىنىڭ ئۇرۇقچىلىق مەيدان ئاھالە كومىتىتىدا 10 مىڭ يۇەن جەرىمانىنىڭ دېھقانلارغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى، يەنە بەزى يېزىلاردا جەرىمانە قايتۇرۇش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. كىشىلەر يۇقىرىقى نۇتۇق ۋە خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن كېين خوتەندىمۇ جەرىمانىچىلىك بولمايدىغان كۈننىڭ تېڭى ئېتىۋېتىپتۇ دېگەن ھېسسىياتقا كەلگەنىدى. ھەتتا ئاپتورنىڭ ئۆزىمۇ ئاشۇنداق ئۇمىدۋارلىقتىن قاناتلانغانىدى. لېكىن ئەپسۇس، ناھايىتى ئەپسۇس...

بۇ ئەدەبىي ئاخبارات تەھرىر بۆلۈمىدە ئېلان قىلىنىشىنى كۈتۈپ ياتقاندا 1995 – يىللىق باھار پىلىسى بېقىش مەزگىلى باشلاندى شۇنداقلا ئاياغلاشتى (ئاپتور ئاشۇ كۈتۈپ يېتىشنىڭ ئەسەرگە 1995 – يىللىق بەزى ئەھۋاللارنى تولۇقلاپ قويۇش پۇرسىتى بەرگەنلىكىدىن مەمنۇن ). ئەھۋال قانداق بولدى، جەرىمانىچىلىك تۇگىدىمۇ؟

گۇما ناھىيىسىنىڭ كۆكتىرەك يېزىسىدا «تۆمۈر مەھسۇلات» ئۆلچىمىگە يەتكۈزەلمىگەن پىلىكارنىڭ ھەر بىر كىلوگرام پىلە غوزىكى ئۈچۈن تۆلەيدىغان بەش يۇەن جەرىمانىسى بەش كۈن ھەقسىز سىرتقى ئەمگەككە ئۆزگەرتىلىپتۇ. تېخى بۇ ھەقسىز سىرتقى ئەمگەك چوقۇم 315 – نۇمۇرلۇق دۆلەت تاشيولىنىڭ جەنۇبىدا، گۇما ناھىيىسىگە قاراشلىق تاغلىق رايونلاردا بولىدىغان ئەمگەك بولۇشى كېرەك ئىكەن. دېھقانلار چوقۇم 10 كىلومىتىردىن يىراققا بېرىپ ئەمگەككە قاتناشقاندىلا ئاندىن ھېلىقى كەملىگەن پىلىنىڭ جاۋابكارلىقىنى تۈگەتكەن بولىدىكەن. ئويلاپ كۆرەيلى، بەش يۇەننىڭ قىممىتى چوڭمۇ ياكى بەش كۈنلۈك ئەمگەكنىڭمۇ؟

قاراقاش، خوتەن، لوپ ناھىيىلىرىدە جەرىمانىنىڭ ئىسمى ئۆزگىرىپتۇ. ئەمدى ئۇنى يېزا كادىرلىرى جەرىمانە دېمەي خەنزۇچە ئاتالغۇ بويىچە ياجىن دەيدىغان بوپتۇ. پىلىچىلىكتىكى مەلۇم بىر ئىش ئۆز ۋاقتىدا ئورۇندالمىغان بولسا، «تۆمۈر قۇرت» ئۆلۈپ قالغان بولسا، «تۆمۈر مەھسۇلات» كەملىگەن بولسا دېھقانلار ياجىن تۆلەشكە مەجبۇر قىلىنىدىكەن. يېزا كادىرلىرى ئاشۇ ئىشنى ئورۇنداپ بولساڭ ياكى قانداق يول بىلەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر «تۆمۈر مەھسۇلات» نورمىسىنى تولدۇرساڭ ياجىننى قايتۇرۇپ بېرىمىز دەيدىكەن. ئۇلار راستتىنلا ياجىننى قايتۇرۇپ بېرەرمۇ؟ ئېلىشقىلا كۆنگەن ئاشۇ قوللاردىن قايتۇرۇش كېلەرمۇ؟

«تۆمۈر ۋەزىپە» دېھقانلاردىن ئېشىپ ئوقۇتقۇچىلارغا، كادىرلارغا ۋە باشقا دۆلەت خىزمەتچىلىرىگىمۇ تېڭىلىپتۇ. 1995 – يىل 3 – ئىيون ئاپتور چىرا ناھىيىسىنىڭ گۇلاخما يېزىسىدا ئىدارىسىغا تەقسىم قىلىنغان پىلە قۇرتلىرىنى بېقىۋاتقان دۆلەت كادىرلىرىنى ئۇچراتتى. ئۇلارنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئىدارىلەرمۇ «تۆمۈر ۋەزىپە»نى قوبۇل قىپتۇ: پىلە قۇرتىنى پۇل تۆلەپ سېتىۋالىدىكەن. بەلگىلەنگەن كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ ئۈجمە يوپۇرماقلىرى ئارقىلىق باقىدىكەن. پىلە ساتقاندا پۇل ئىدارىغا، ئورۇندالغان مەھسۇلات كەنتكە تەۋە بولىدىكەن. «تۆمۈر مەھسۇلات» ئۆلچەمدىن كەملەپ قالسا ئىدارىلەرمۇ ئوخشاشلا جەرىمانە تۆلەيدۇكەن. ئىدارىدىكى كۆپ قىسىم كادىرلار پىلە بېقىشقا چىقىپ كەتكەنلىكتىن، بەزى ئىدارىلەردە ئىشمۇ توختاپتۇ. ئاشۇ گۇلاخمادا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئاپتورغا «ئىشخانىدىكى 27 ئادەمنىڭ 24 نەپىرى پىلە بېقىشقا كەلگەنلىكىنى، كەلگىنىگە 18 كۈن بولغانلىقىنى، يوپۇرماق تالىشىپ دېھقانلار بىلەن غىجىلدىشىپ قالغانلىقىنى، يېزىلاردىكى ھەر بىر ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرگىمۇ ئىككى – ئۈچ قۇتىدىن پىلە قۇرتى بېقىش ۋەزىپىسى بېرىلگەنلىكىنى» سۆزلەپ بەردى.

1995 – يىلى دېھقانلارغا يېڭىدىن قۇرتخانا سېلىش ئالۋىڭى كەپتۇ.  ئىلگىرى دېھقان ئائىلىلىرى ھويلىلىرىغا سېلىنغان قۇرتخانىلار بىكار قىلىنىپتۇ. ئەمدى كەنت بويىچە بىر يەرگە، بىر تۇتاش قىلىپ ھەر بىر دېھقان ئائىلىسى ئۈچۈن بىر ئېغىزدىن قۇرتخانا سېلىنىپتۇ. ئېھتىمال ئۇلار قۇرتخانىلارنى بىر يەرگە يىغقاندا نازارەت قىلىشنىڭ ئوڭاي بولىدىغانلىقىنى ئويلىغان بولسا كېرەك. لېكىن، قۇرتخانا سالدۇرغۇچىلار دېھقانلارنىڭ قۇرتخانا سېلىش جەريانىدىكى چىقىمىنى ئويلاپ كۆرگەندىمۇ؟ ئۆي سېلىش، يەنە كېلىپ تېخى ئاشۇنداق ئۆلچەملىك قۇرتخانا سېلىش ئوڭاي ئىشمۇ؟

يۇقىرىقىلارىن كۆرۇۋىلىشقا بولىدۇكى، 1995 – يىلى خوتەننىڭ پىلىچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا جەرىمانە ۋە ئالۋاڭ – ياساق كۆپەيسە كۆپەيدىكى، ئازايمىدى. دېھقانلارنىڭ چىقىمى كۆپىيىۋەردى. «پىلە زۇلۇمى»نى ئەمدى دېھقانلارلا تارتىپ قالماي كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلارمۇ تارتىشقا باشلىدى. بۇنىڭ پايانى بارمۇ؟

بۇ يىل قىش ۋە ئەتىيازدا خوتەن يېزىلىرىدا دېھقان ئائىلىلەردە ئاشلىق تۈگەپ قېلىشتىن ئىبارەت «كىچىككىنە» چاتاق چىقتى. گەرچە ئاچلىقتىن ئۆلگەنلەر توغرىسىدا خەۋەر تارقالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمدىلا ئەتلىنەي دەۋاتقان بىر قىسىم ئائىلىلەر قوي – ئۆچكە، توخۇ – ئۆردەكلىرىنى، گىلەم – كىگىزلىرىنى، تېخى ياغاچ ماتېرىيالى بولۇشقا ئۈلگۈرمىگەن دەرەخلىرىنى ئېلىشىغا سېتىپ، ئاشلىق سېتىۋىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇنى ئۇلارنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدىكى بىر قېتىملىق پۇتلىشىپ، پېيلىشىپ كېتىشى دېيىش كېرەك. بۇنى كىمنىڭ ۋە نېمە سەۋەبتىن كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن قەتئىينەزەر ئاپتونوم رايون ۋە خوتەن ۋىلايىتى بۇ ئىشقا تولىمۇ جىددىي قارىدى. ئارقىمۇ ئارقا تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى قايتا – قايتا تەكشۈردى. ئۆيمۇ ئۆي، ئائىلىمۇ ئائىلە كىرىپ، تاغار، خالتىلارنىڭ قۇرۇق – قۇرۇق ئەمەسلىكىنى، خالتا قۇرۇق بولمىسا قانچىلىك ئاشلىق بارلىقىنى بىرمۇ بىر جىڭلاپ تەكشۈردى. ئاشۇ تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ ئېيتىشىچە، تەكشۈرۈش ئۆمىكى دېھقانلاردىن ئەھۋال سورىغاندا دېھقانلار ئۆز ئەھۋالىنى ئۆز سۆزى بىلەن دېمەي، بەلكى شائىر روزى سايىتنىڭ «دېھقاننى ئالدىغا سېلىۋالدى ئىش»، «دېھقان يىغلايدۇ»، «جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس» دېگەن شېئىرلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنداق ئەھۋال باشقا يېزا – كەنتلەردىمۇ تەكرارلىنىپتۇ... قوۈسقى يېرىم ئاچ بىچارىلەرنىڭ شېئىر يادلاپ يۈرىشى غەلىتىلىك ئەمەسمۇ؟ مېنىڭچە ئەگەر يۇقىرىدىن خوتەندىكى «پىلە زۇلۇمى»نى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۆمەك كېلىپ قالسا، دېھقانلار يەنىلا شۇ شېئىرلارنى يادلاپ بېرىش ئارقىلىق ئۆز ئەھۋاللىرىنى بايان قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى، شۇ شېئىرلارنىڭ بېرىدە «پىلە زۇلۇمى» توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك يېزىلغان:

پىلىنىڭ داۋرىڭى بىر زۇلۇم بولدى،

قۇرت بېقىپ دەردىمىز مىڭ تۇلۇم بولدى،

كىرىمدىن چىقىم جىق، «داد!» ئۆلۈم بولدى،

ھېچ كىشى دېمەس: «نەق ئون پۇلۇم بولدى.»

مال – مۈلكى تۆلەمدە ھەر ئۆي – خانىنىڭ.

 

 

ئۆي – ئۆيگە تېڭىلدى توختاملىق پىلە،

نە پىلە، بىز ئېشەك، ئۇ بولدى مۆلە،

بىر تال قۇرت ئۆلسە دەر: «جەرىمانە تولە»،

بۇ قانداق ئادالەت، بۇ قانداق ھىلە؟

بۇ تەھقىق ئەمرى كەنت خانىدانىنىڭ.

 

بىز مانا مۇشۇنداق بىچارە بەندە،

سالىدۇ «خارەت» لەر توختىماي  «رەندە»،

يانچۇق بوش، تاغار بوش، كىيىم جۇل – جەندە،

بىزگە كىم باشپاناھ، كىملەر پەيۋەندە،

يېرىمى قالدىغۇ دېھقان جانىنىڭ.

 

دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى مۇشۇنداق ئەينەن، دەل جايىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن شېئىرلارنى يادلىۋالماي قالارمۇ؟ ئاشۇ شېئىرلار بېسىلغان گېزىت – ژۇرناللارنى قوينىغا سېلىپ كۆتۈرۈپ يۈرمەسمۇ؟ ئەمدى گەپنى ئۇزارتىۋەرمەيلى. ھەممىگە ئايانكى: شېئىر ― رىئاللىقنىڭ ئەينىكى.

مەسۇل مۇھەرىر  روزىمۇھەممەت جۇمە

مەنبە: «تارىم» ژۇرنىلى 1996 ج يىل 1 – 2 – سان.

 

 

باش بەت

aturan2003@yahoo.com

بارلىق نەشر ھوقۇقى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىغا ئائىت

 All Rights Reserved Taklamakan Uyghur Publishing 2007 --- 2009 http://www.uyghurweb.net