English

Türkçe

 

عربي

ئۇيغۇرچە

 

5 ـ فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى

پەرھات مۇھەممەدى

فېۋرال ئېي يېقىنلىشىۋاتقان شۇ كۈنلەردە، بۇندىن 7 يىل بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان رايونىدا يۈزبەرگەم «5 ـ فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىى» قايتىدىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى. ئارىدىن شۇنچە يىل ئۆتكەن بۇ جەرياندا شەرقىي تۈكىستان رايونى ھەم خەلقئارادا كۆپلىگەن سىياسىي ھادىسىلەر ۋە چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈزبەرگەن بولسىمۇ، ئەمما «5 ـ فېۋرال» غۇلجا ۋەقەسى تاكى بۈگۈنگىچە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە، شۇنداقلار دۇنيا مەتبۇئاتلىرى ھەم خەلقئارا سەھنىلەردە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇلا ئەمەس، «5 ـ فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ھەتتا كوممۇنىست خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋە ھۆججەت ـ ئاخباراتلىرىدىمۇ ئىزچىل تۈردە تەكىتلىنىپ كېلىنمەكتە. دېمەك، بۇ «5 ـ فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك مۇھىم ھادىسىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوچۇقچە كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نەزىرىدە بۇ ۋەقە ھەرگىزمۇ دائىرىسى مەلۇم بىر رايون بىلەنلا چەكلەنگەن ۋە قارىغۇلارچە ئېلىپ بېرىلغان ئىستىخىيىسىز ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى ئۇ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يەرلىك خەلققە قاراتقان مىللىي زۇلمىغا، مىللىي كەمسىتىشىگە، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىكى ئادالەتسىزلىكىگە قارشى كۆرسەتكەن ئورتاق ئىنكاسى ۋە نارازىلىقىدىن ئىبارەت. «5 ـ فېۋرال» ھەرىكىتىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى پەقەت نوقۇل ھالدا غۇلجا خەلقىنىڭ ئارزۇ ئىستەك ۋە تەلەپلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈرىكىدىكى ئورتاق دەردىنى مەيدانغا چىقارغان ئىدى. بۇ ھادىسىدىن بۇيان ھەر يىلى «5 ـ فېۋرال» كۈنىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك كۈن تەرىقىسىدە خاتىرىلىنىپ كېلىنىۋاتقانلىقىمۇ، «5 ـ فېۋرال غۇلجا ھەرىكىتى» نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنىڭ ۋە زۇلۇمغا ئەسلا تىز پۈكمەيدىغان قەيسەر ھەم كۈرەشچان ئىرادىسىنىڭ سىمۋۇلىغا ۋە شەرقىي تۈركىستان ئومومىي مىللىي ھەرىكىتىنىڭ مەشئىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئېنىق شەرھلەپ تۇرماقتا.

خىتاينىڭ زۇۋانى ھېساپلانغان «شىنخۋا ئاخبارات تورى» نىڭ ئۆتكەن يىلى 11 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى ئېلان قىلغان «شەرقىي تۈركىستانچى ئۇنسۇرلارنىڭ تېررورىستلىك نىقاۋىنى ئېچىپ تاشلايلى» سەرلەۋھىلىك باش ماقالىسىدا، «5 ـ فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ ئىشتىراكچىلىرى قارىلىنىپ، مۇنداق دېيىلگەن ئىدى:

«توپىلاڭچى ئۇنسۇرلار، « خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرايلى!»، «تۇتۇپ كېتىلگەنلەر قويۇپ بېرىلسۇن!» دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاپ، ھۆكۈمىتىمىز تەرىپىدىن ئۇلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن سالاھىيەت گۇۋانامىسى، نوپۇس دەپتىرى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ... قاتارلىقلارنى بىر ـ بىرلەپ كۆيدۈرۈشكە باشلىدى، ئەڭ رادىكال ئىپادىسى شۇكى، خېلى كۆپلىرى يۈرۈپ كېتىۋېتىپ، «خىتايلارنىڭ كىيىمىنى كىيمەيمىز» دەپ ۋاقىرىشىپ، ئۈستىدىكى كىيىم ـ كىچەكلىرىنى سېلىپ تاشلاشقا باشلىدى، بۇ 2 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى بولۇپ، چاغانغا ئىككى كۈن ، روزى ھېيتقا بولسا بەش كۈن قالغان قەھرىتان سوغۇق كۈن ئىدى. بەزىلىرى ھەتتا پۈتۈن كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ، قىپ يالىڭاچ ھالدا ئالغا قاراپ يۈرۈشكە باشلىدى».        

يۇقىرىقى سۆزلەر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن توقۇپ چىقىرىلغىنى يوق، ئەكسىچە خىتاينىڭ ھۆججەتلىرىدە ئەينەن يېزىلغان ئىبارىلەردۇ. شۇنداقلا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «5 ـ فېۋرال ۋەقەسى» نى پەيدا قىلغان ئاتالمىش « شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى» ھەققىدە توپلىغان «دەلىل ـ ئىسپاتلىرى» دىن ئىبارەت، خالاس. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاشنى ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقلىرىنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەقرىتان سوغۇقتا كىيىم ـ كىچەكلىرىنى سېلىپ تاشلىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايانلىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك قانداقتۇر «رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى» ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك ھەم قەتئىيلىكىنىڭ ئىپادىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.

 «5 ـ فېۋرال غۇلچا ۋەقەسى» نىڭ ئەينى چاغدا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك دىققەت ـ ئېتىبارىنى قوزغىشىغا ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان ئاساسلىق ئامىللار تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى:

بىرىنچىدىن، بۇ ۋەقەنىڭ قازاقىستانغا يىقىن بىر چېگرا شەھىرىدە يۈز بەرگەنلىكى؛

ئىككىنچىدىن، بۇ ھەرىكەتنىڭ مەلۇم گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئادەتتىكى ئىسيان ئەمەس، بەلكى خېلى كەڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىشتىراكچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ياشلاردىن تەركىب تاپقان ۋە تىنچلىق شەكلىنى ئالغان سىياسىي ھەرىكەتتىن ئىبارەت ئىدى. ئۈچىنچىدىن، بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغانلىقى ۋە باستۇرۇش جەريانىدا ئىنسان قىلىپىدىن چىققان پاشىستلىق ئۇسۇللارنىڭ قوللىنىلغانلىقى؛

تۆتىنچىدىن، ۋەقەدىن كېيىنمۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكەتنى باھانە قىلىپ تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشى، قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق قىيناش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ھەم غەرب ئەللىرىگە قېچىش دولقۇنى قوزغالغانلىقى ۋە بۇنىڭغا پاراللىل ھالدا ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلار مەسىلىسىنىڭ ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كىڭىشىنىڭ كۈنتەرتىبىگە كىرىشكە باشلىغانلىقى؛

بەشىنچىدىن، بۇ ۋەقەنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت رەھبىرى دىڭ شاۋپىڭ ئۆلگەن ئاينىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەنلىكى، غۇلجا ۋەقەسىدىن بىر قانچە ھەپتە كېيىن، يەنى «25 ـ فېۋرال» دىڭ شاۋپىڭنىڭ ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان كۈنى ئۈرۈمچىدە چوڭ پارتلاش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پارتلاش ۋەقەسىنى «5 ـ فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى»نى پەيدا قىلغۇچىلارغا باغلاشقا تىرىشقانلىقى؛

ئەلۋەتتىكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ «5 ـ فېۋرال» ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدە ئېلىپ بارغان تۈرلۈك شەكىلدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ «5 ـ فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ ئەينى چاغدا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىشىغا ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىنىشىگە سەۋەبچى بولغان ئامىللارنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.

ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ ۋەقە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرىدە، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان قىرغىنچىلىق ۋە تۈرلۈك زۇلۇم سىياسەتلىرىنىڭ جانلىق ئىسپاتىغا ئايلاندى. ۋەقە يۈزبەرگەندىن بۇيان، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە تۈرلۈك خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە ھەتتا بەزى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلات ۋە ئاخباراتلاردا، غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن مىڭلارچە بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، يۈزلەرچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمىلاردا ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن قاتتىق قىيىن ـ قىستاققا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى دەلىل ـ ئىسپاتلارنىڭ ئىزچىل تۈردە ئېلان قىلىنىپ كەلگەنلىكى ۋە بۇلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئومومىي سىياسىتىنىڭ ئىچكى يۈزى تەرىقىسىدە ئىپادە قىلىنىپ كېلىنىۋاتقانلىقى، «5 ـ فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى ئوچۇقچە شەرھلەپ تۇرماقتا.

خىتايلار ئارىسىدا ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن قالغان مەشھۇر بىر ئەقلىيە سۆزى بار . ئۇ بولسىمۇ، «شىنجاڭدا ھەر ئۈچ يىلدا بىر كىچىك ئىسيان، ھەر ئوتتۇز يىلدا بىر چوڭ ئىسيان چىقىدۇ» دېگەن سۆز دىن ئىبارەت. ھەر قايسى دەۋرلەردە شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلغان خىتاي ھۆكۈمرانلىرى بۇ ئەقلىيە سۆزىگە خۇددى قىممەتلىك بىر ئەنگۈشتەر ھەم ۋەسىيەتنامە سۈپىتىدە سادىقلىق بىلەن ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، مەيلى دوستى ياكى دۈشمىنى بولسۇن ئۆزىدىن كېيىنكى ھۆكۈمرانلارغا ئىسيانلىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك باستۈرۈشنىڭ چارىلىرى ھەققىدە رېتىسىپ قالدۇرۇشنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئارىدىن ئەسىرلەر ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىنىڭ مېھرىدىن كېچەلمىدى. بىرىنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى زۇلۇم ۋە بېسىمدىن مۇستەسنا ھالدا ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىك ئىچىدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەپ ياشاش، يەنە بىرغنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى پۈتمەس ـ تۈگىمەس بايلىقلار، كۆمۈلۈپ ياتقان بىپايان شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى بۇ مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن قىرىلىپ تۈگەشكە رازى، يەنە بىرى قىرىپ تۈگىتىشكە ھازىر ئىدى. ئىسيان ۋە ئۇنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ خىل مۇناسىۋەت ئەنە شۇ تەرىقىدە تاكى بۈگۈنگىچە توختىماي داۋاملىشىپ كەلدى. يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئىسيانلارنىڭ سانى ئىلگىرىكىدىن كۆپىيىشكە يىلىمۇ قىسقىراشقا باشلىدى. بولۇپمۇ كوممۇنىست خىتاي دەۋر ئىسياندىن ئېلىنغان دەۋر بولدى. باشقىسىنى قويۇپ، كېيىنكى يىگىرمە يىلغا قاراپ باقايلى، 80 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى يۈزبەرگەن قەشقەر ۋەقەسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە بىر قېتىملىق چوڭ ئىسيان ئىدى. ئارىدىن 30 يىل ئومەس، بەلكى 10 يىل ئۆتۈپ يەنە 90 ـ يىلى «بارىن دېھقانلار قوزغىلىڭى» يۈز بەردى. غۇلجا خەلقى بولسا، يەنە 30 يىل ياكى 10 يىلنى كۈتۈپ ئولتۇرماستىنلا، بارىن ئىسيانى يۈز بېرىپ يەتتە يىلدىن كېيىن يەنى 97 ـ يىلى 5 ـ فېۋرال كۇنى ئىسيان قىلىپ چىقتى. خىتايلارنىڭ ئەقلىيە سۆزىدە تىلغا ئېلىنغان كىچىك ئىسيانلار بولسا ئۈچ يىلدا بىر ئەمەس، بەلكى يىلدا، ئايدا بىر قانچە قېتىم يۈز بېرىشكە باشلىغان ئىدى. يەنە سەۋر ـ تاقىتى تۆگىگەن ئۇيغۇرلار ھازىرقى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئىلگىرىكى ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن مىراس قالغان ھېلىقى ئەقلىيە سۆزىدىكى سان ـ سىپىرلارنى قىسقارتىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئۇيغۇر خەلقى ئىسيانلىرىنىڭ شەكلىنى زامان ۋە دەۋرگە ماس ھالدا ئىسلاھ قىلىپ ماڭغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئۇنى باستۇرۇش شەكلىدە ھېچ بىر ئۆزگىرىش يۈز بەرگىنى يوق. كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «5 ـ فېۋرال غۇلجا ھەرىكىتى» نى باستۇرۇشتا قوللانغان ئۇسۇلىمۇ ئىلگىرىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىسيانلارنى باستۇرۇشتا قوللىنىدىغان چارە ـ تەدبىرلەر ھەققىدە كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇپ كەتكەن كونا رېتىسىپتىكى تاكتىكىلاردىنلا ئىبارەت ئىدى.

مېنىڭچە غۇلجا خەلقى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان «5 ـ فېۋرال» ھەرىكىتىنىڭ شەكلىنىڭ، ئەركىن دۇنيا دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشلىرىدىن ھېچ بىر پەرقى يوق ئىدى. ھەتتا شىددەت دەرىجىسىنى غەرب دۆلەتلىرىدە يەرلىكلەر تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردىن تۆۋەن دېيىشكىمۇ بولاتتى. مەن سەككىز يىلغا يىقىن ۋاقىتتىن بۇيان ياۋروپادا ياشاپ كېلىۋاتىمەن. بۇ جەرياندا تۈرلۈك ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن كۆپلىگەن نامايىشلارغا بىۋاستە شاھىد بولدۇم ياكى مەتبۇئاتلاردىن ئىزدىدىم. قارىسىڭىز نامايىشچىلارنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكىلەرنىڭ قولىدا پوتولكىغا بىنزىن تولدۇرۇلۇپ، ياسالغان كۆيدۈگۈچى گىرىنات، لومتومۇت، تاش، كېسەك، راگېتكى، قولىدىكى كۆيدۈرگۈچى گىراناتنى ساقچىلارنىڭ توپىغا، ئەتراپتىكى ماگىزىن ۋە قاتناش ئەسلىھەلىرىگە پىرقىتىپ ئېتىۋاتقان ھەرتەرەپ يالقۇن ۋە ئىس ـ تۈتەك، نامايىشتا قۇرال ئىشلىتىشى چەكلەنگەن بىچارە ساقچىلارنىڭ قولىدا قالقان ۋە رىزىنكە كالتەك، نامايىشتىن كېيىن قارىسىڭىز پۈتۈن بىر غۇلجىنى سېتىۋالغۇدەك ئىقتىسادى زىيان، يەنە نامايىشچىلارنىڭ گېپى چوڭ، ئاساسلىق مەتبۇئاتلارمۇ نامايىشچىلار تەرەپتە، ئىقتىسادىي زىيانلار بىلەن ئۇلارنىڭ پەرۋايى پەلەك، نامايىشتا باش ـ كۆزى يېرىلغان بىر قانچە نامايىشچىنى كوزۇر قىلىۋېلىپ ھۆكۈمەت ۋە ساقچى دائىرىلىرىنى قار ـ يامغۇردەك ئەيىبلەۋاتقان، مەسىلەن، رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز خاتىرلىسە كېرە، ئۆتكەندە ئىتالىيەنىڭ بىر ئارال شەھىرىدە سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى چاقىرىلغاندا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يەر شارىلىشىشقا قارشى نامايىشچىلار بۇ شەھەرنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتكەت، سان جەھەتتە نامايىشچىلاردىنمۇ كۆپ بولغان ئىتالىيە ساقچىلىرى شەھەرنىڭ پۈتۈن دوقمۇشلىرىغا جازا ۋە توساقلارنى قۇرۇپمۇ يەنە نامايىشچىلارنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ قالالمىغان ئىدى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى شىددەتلىك توقۇنۇشتا بىر نامايىشچى ساقچىلاردىن تاياق يەپ ئۆلىۋىدى، پۈتۈن ياۋروپادا قىيامەت قوپۇپ، ھەرقايسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، ئاممىۋى گۇرۇپپىلار، مەتبۇئاتلار ۋە ھەتتا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى نامايىشچىنى «قەھرىمان» دەپ ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنى تۇلا ئەيىبلەپ باش كۆتۈرگۈزمىدى، ئاخىرىدا ئىتالىيە ساقچى دائىرىلىرى بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ئاشكارا ئەپۇ سوراپ، بۇ بالادىن مىڭ تەستە قۇتۇلدى. نامايىشتا ئىتالىيەنىڭ تارتقان زىيىنىنى ھېچكىم تىلغا ئېلىپ قويمىدى. چۈنكى ئەركىن دۇنيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن بىر ئىنساننىڭ ئۆلۈمى ھەممىدىن ئەلا ئىدى. ئۆتكەندە گېرمانىيە تېلىۋىزورىدا بىر خەۋەرنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدىم. بۇ مەلۇم بىر ئاممىۋى تەشكىلات تەرىپىدىن ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتۈزۈلىدىغان نامايىشنىڭ ئالدى مانىۋىرىنىڭ كۆرۈنۈشى ئىدى، يەنى نامايىشچىلارنىڭ بىر قىسمى نامايىشتىن بۇرۇن ھۆكۈمەتتىن رۇخسەت ئېلىپ، سافچىلار يولنى توسىسا قانداق تاقابىل تۇرۇشنىڭ مانىۋىرىنى ئۆتكۈوۈپتۇ، نامايىشچىلار ئىككىگە ئايرىلىپتۇ، بىر قىسمى ساقچىنى تەقلىت قىلىپ، قالقانلار بىلەن يولنى توسۇپ تۇرۇپتۇ، يەنە بىر قىسمى نامايىشچى بولۇپ، شۇئار توۋلۇشۇپ، ھېلىقى يالغان ساقچىلار بىلەن ئىتتىرىشىپ ـ قېچىشىۋېتىپتۇ، بۇ مانىۋىرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداۋاتقان ھەقىقىي ساقچىلار بولسا، پىخىلدىشىپ ، كۈلۈشۈپ، بۇ مەنزىرىنى كۈزىتىپ تۇرۇشۇپتۇ، بىز ئۈچۈن غەلىتە تۇيۇلغان بۇ خىل ھادىسىلەر، ياۋروپا ئەللىرىدە نومال بىر ئەھۋال، مەن ئادەتتە بۇ خىل مەنزىرىلەرنى كۆرسەم، كۆز ئالدىمغا ئىختىيارسىز ھالدا «5 ـ فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» كېلىدۇ. ئەلۋەتتىكى، دۇنيا دۆلەتلىرىدىكى نامايىشچىلارنىڭ غايە ـ مەقسەتلىرىنى، ياشاۋاتقان مۇھىتىنى ۋە نامايىش قىلىشقا سەۋەبچى بولغان ئامىللارنى غۇلجىدىكى «5 ـ فېۋرال» ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ۋەزىيىتى بىلە سېلىشتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئەركىن دۇنيا ئەللىرىدىكى يەرلىك نامايىشچىلارنىڭ ئېتىراز بىلدۈرىۋاتقىنى ھەرگىزمۇ غۇلجا خەلقىنىڭكىدەك مىللىي زۇلۇم، مىللىي كەمسىتىش ۋە رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۈندىلىك ئىجرائاتلىرىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن ئىبارەت، خالاس! ئەگەر غەرب ئەللىرىدىكى خەلقلەرنىڭ بېشىغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن سىياسىي كۈلپەتلەرنىڭ مىڭدىن بىرى كەلگەن بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ياۋروپادا قىيامەت قوپقان بولاتتى، ناۋادا ياۋروپا ئەللىرىدىكى ساقچىلار نامايىشچىلارغا نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە گىرادوسلۇق قەھرىتان قىشتا سوغۇق سۇ چاچقان ۋە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ قىرغىن قىلغان، نامايىشتا قولغا ئېلىنغانلارنى تۇرمىلاردا ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ئۇسۇللار بىلەن قاتتىق قىينىغان، تۈركۈملەپ ـ تۈركۈملەپ، ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىپ ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ۋە تۈرلۈك ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. خىتاينىڭ غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە ئېلان قىلغان رەسمى سىتاتىسكىلىرىدا، نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ 21 ماشىنىسى پارچىلاپ تاشلىغان، بەزى ئىسكىلاتلارنى كۆيدۈرگەن ۋە يەتتە نەپەر خىتاينى پىچاقلاپ ۋە ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنمىش. بۇ سانلىق مەلۇماتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنى قارىلاپ، ئېلان قىلغان پۈتۈن بايات ۋە دوكلاتىدا بايان قىلىنماقتا. ئەمما بۇ دوكلات ۋە ئاخباراتلاردا نەخ مەيداندا ۋەھشىيلەرچە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، سۇ چېچىش تۈپەيلىدىن ئېچىنىشلىق ھالدا توڭلاپ ئۆلگەن، ۋەقەدىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئەۋلادىغا ۋە ھازىرغىچە مۇشۇ ۋەقە تۈپەيلىدىن تۇرمىلاردا ئازاپ چېكىۋاتقان يەنە مىڭلارچە ئۇيغۇر يىگىتى ئەسلا تىلغا ئېلىنمىغان. بۇ سانلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارانقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ جىنايى پاكىتى سۈپىتىدە پەقەتلا خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا بايان قىلىنىپ كەلمەكتە. خۇددى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تېلىۋىزورلىرىمۇ كۆرسىتىلگىنىدەك، «5 ـ فېۋرال» ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قۇرالى نەيزە ـ قىلىچ ياكى بومبا، مىلتىق، زەمبىرەك ئەمەس، بەلكى زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى توۋلانغان جاراڭلىڭ شۇئار ۋە بۇ شۇئارلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن لوزىنكىلاردىنلار ئىبارەت ئىدى. پاچاقلانغان 21 ماشىنا ۋە ئۆلگەن يەتتە نەپەر خىتايمۇ، نامايىش مەيدانى ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى بىلەن بۇيالغان، سوغۇقتا ئۈششىگەن، پۇت ـ قوللار يەرگە تۆكۈلگەن ۋە يۈزلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ تىنىقى توختىغاندىن كېيىن، شەكىللەنگەن غەزەپ دولقۇنىدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، غەزەپ ـ نەپرەت پەللىگە چىققان بۇنداق پەۋقۇلئاددە بىر شارائىت ئاستىدا يەنە ئۆلگەن خىتاي پۇقراسىنىڭ 10 غا بارمىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا بۈگۈنكى دۇنيادا بىر مۆجىزە ئىدى. بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەقەدەر سەۋىرچان ۋە تىنچلىق پەرۋەر ئىكەنلىكىنى رۇشەن كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە تارىخىغا قارايدىغان بولسا، ئەسىرلەردىن بۇيا بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلەرگە قارشى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇلۇپ كېلىنىۋاتقان تۈرلۈك شەكىلدىكى ئىسيان ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ تاسادىپى ئوتتۇرىغا چىققان ئىستىخىيىسىز ھەرىكەتلەر ئەمەس، بەلكى غايە، مەقسەت ۋە نىزاملىرى ئېنىق بولغان يەرلىك خەلقنىڭ ئورتاق ھېسسىياتى ۋە ساداسى تولۇق ئەكسئەتتۈرۈلگەن ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ھادىسىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. بولۇپمۇ 20 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى يەنى 1911 ـ يىلىدىكى تۆمۈر خەلىپە ئىسيانىدىن تارتىپ تاكى1997ـ يىلىدىكى «5 ـ فېۋرال» غۇلجا ئىسيانىغىچە بولغان ئۇزاق بىر تارىخى جەريان ئىچىدە يۈز بەرگەن چوڭ ـ كىچىك ئىسيان ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكىنى ئىنچكىلىك بىلەن تەھلىل قىلغىنىمىزدا ئۇنىڭ خاراكتېرى، مەقسىدى ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان ئاساسلىق ئامىللىرىنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. بۇ ئامىللار مۇستەملىكىچىلەرنىڭ يەرلىك خەلققە سالغان چېكىدىن ئاشقان مىللىي زۇلمى ۋە بېسىمى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، دىن، مەدەنىي ـ مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە يەرلىك خەلقلەر ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىزلىك ۋە ئېغىر كەمسىتىشلەر ۋە ئۇلارنىڭ بۇ خىل زۇلۇم، بېسىم ۋە ئادالەتسىزلىكلەردىن مۇستەسنا ھالدا ئەركىن، ھۆر ياشاش مۇھىتىغا ئېرىشىش مەقسىدى بىلەن كوللىكتىپ ھالدا ئېلىپ بارغان نارازىلىق ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدىن ئىبارەت ئىدى. ئەمما بۇ ئۇزاق تارىخى جەرياندا شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىپ كەلگەن ھېچ بىر مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت يەرلىك خەلقنىڭ ئىسيان قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ھەقىقىي ئامىللارنى ئەسلا ئېتىراپ قىلغىنى يوق. ھەممىسىلا دېگۈدەك بۇ ئىسيانلارنىڭ پەيدا بولۇش مەنبىئىنى تاشقى ئامىللارغا، يەنى ئاتالمىش جىھانگىرلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ غالچىسى دەپ قارالغان قانداقۇر ئىنتايىن ئاز ساندىكى يەرلىك بۆلگۈنچىلەرنىڭ قۇترۇتىشىغا باغلاشقا ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك خەلققە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ئۈستىنى يېپىشقا تىرىشىپ كەلدى. بولۇپمۇ بۇ مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئومومىي ئىدارىسى ئەكسئەتتۈرۈلگەن بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خاراكتېرىنى بورمىلاش ۋە مۇمكىن بار ئۇنى ئومومىي خەلقنىڭ ئەمەس، بەلكى قانداقتۇر بىر قانچىلا ئاتالمىش ئوغرى، قاتىل، بۇلاڭچى ۋە لۇكچەكلەرنىڭ ئىرادىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت ئىدى.

«5 فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى ئېلىپ ئېيتساق بۇ ھەرىكەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي زۇلمىغا قارشى ئېلىپ بارغان تىنچلىق شەكلىدىكى نارازىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ ئومومىي ئىرادىسى نامايەن قىلىنغان ۋەكىل خاراكتېرلىك ھادىسە ئىكەنلىكى پەقەت شەرقىي تۈركىستان خەلقى تەرىپىدىنىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنىپ كېلىنمەكتە. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى بولسا، بۇ ھەرىكەتكە بەرگەن باھاسىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي ئېھتىياجىغا ماس كەلتۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ بارماقتا ۋە ئۇلارمۇ ئىلگىرىكى ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ يولىنى تۇتۇپ، بۇ ھەرىكەتنى قانداقتۇر يەرلىك خەلقنىڭ ئىرادىسى ۋە ئارزۇسىغا زىت كېلىدىغان يەككە خاراكتېرلىك ھەرىكەت قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، ئەينى چاغدا خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم»نىڭ سىكرىتارى ۋاڭ لوچەن 1997 ـ بىلى 3 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۇنى بېيجىڭدا «5 ـ فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن 3 ـ قېتىملىق چەتئەل مۇخبىرلىرىنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، بۇ ۋەقەگە باھا بېرىپ، «بۇ يىل 2 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى شىنجاڭنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئاز ساندىكى كىشىلەر مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىش غەرىزىدە، ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش ۋەقەسى پەيدا قىلدى، ئەمما بۇ، ناھايىتى ئاز ساندىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ قىلغان ئىشى، ئەمما ئۇلار كۆپ ساندىكى ئاممىنى قۇترۇتۇپ، بىر ئىككى كۈن توپىلاڭ پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ناھايىتى تېزلىك بىلەن باستۇرۇلۇپ جىمىقتۇرۇلدى» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، تامامەن سىياسىي ۋە ئاممىۋى تۈسنى ئالغان بۇ ھەرىكەتنى، ئۇرۇش، چېقىش ۋە بۇلاش تۈسىنى ئالغان ئادەتتىكى جىنايى ئىشلار دېلۇسى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تاكى ئامېرىكىدا «11 ـ سىنتەبىر ۋەقەسى» يۈز بەرگەنگە قەدەر مۇشۇ تەلەپپۇزنى قوللىنىپ كەلگەن ئىدى. «11 ـ سىنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن، دۇنيادا «خەلقئارا تېررورىزم» غا قارشى ھەرىكەت باشلىنىۋىدى، خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە قوللىنىپ كەلگەن يۇقىرىدىكى تەلەپپۇزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى قانداقتۇر زور ھەم مۇرەككەپ خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنى «خەلقئارا تېررورىزم»نىڭ بىر پارچىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى ۋە شۇندىن بۇيان خەلقئارادا ئېلان قىلغان بارلىق ئاخبارات ۋە باياناتلىرىدا «5 ـ فېۋرال» ھەرىكىتىنى، ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى»نىڭ «تېررورلۇق قىلمىشلىرى» نىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە بازارغا سېلىپ كەلدى.

مەسىلەن، يەنە ۋاڭ لوچەن ئۆتكەن يىلى 1 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە فرانسىيە مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، «5 ـ فېۋرال» غۇلجا ھەرىكىتىگە باھا بېرىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ خەلقئارادىكى رادىكال ئىسلامچى كۈچلەرنىڭ ۋە تېررورىست گۇرۇپلارنىڭ قۇترىتىشى ۋە يېتەكلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ «شىنجاڭدا كاپىرلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېرىگە ئىسلامىي ھاكىمىيەت تۇرغۇزۇش»تىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىگەن ۋە بۇ ئارقىلىق «5 ـ فېۋرال» ھەرىكىتىگە نوقۇل ھالدىكى رادىكال ئىسلامىي ھەرىكەت تۇسىنى بېرىشكە تىرىشقان ئىدى. ئۇندىن باشقا يەنە خىتاينىڭ زۇۋانى ھېسابلانغان «شىنخۋا ئاخبارات تورى» نىڭ ئۆتكەن يىلى 11 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى ئېلان قىلغان «شەرقىي تۈركىستانچى ئۇنسۇرلارنىڭ تېررورىستلىك نىقاۋىنى ئېچىپ تاشلايلى» سەرلەۋھىلىك باش ماقالىسىدا، «97 ـ يىلىدىكى 5 ـ فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى، تېررورىستلىك ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نوقتىسىدىن ئىبارەت» دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت تېررور سىياسىتىنىڭ قۇربانى ھېسابلانغان بىچارە غۇلجا خەلقىنىڭ بېشىغا قىلچە ئار ـ نومۇس قىلماستىن، «تېررورىست» دېگەن قالپاق كيدۈرۈلگەن ئىدى. ئەلۋەتتىكى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل تۆھمەتلىرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭمۇ، «5 فېۋرال» غۇلجا ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدىكى تۈپ قاراشلىرىغا تەسىر كۆرسىتەلىگىنى يوق، خۇددى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئاڭلىتىشىدا بايان قىلغىنىدەك، 4 ـ فېۋرال كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ «5 ـ فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 6 ـ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغانلىقىمۇ، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرىنى بورمىلاشتا خەلقئارا سەھنىلەردە ھېچ بىر مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئوچۇقخە كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

 

گەرچە «5 ـ فېۋرال» غۇلجاۋەقەسىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللار كۆپ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، ئەمما، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە يۈرگۈزگەن ئادالەتسىزلىك سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئۇتتۇرىغا چىققان ھەددىدىن تاشقىرى ئىشسىزلىقنىڭ ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىنىي ساھەگە قاراتقان قاتتىق باستۇرۇش ۋە تازىلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ، بۇ ۋەقەنىڭ شەكىللىنىشىگە بىۋاستە ۋە ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. مەلۇمكى، «5 ـ فېۋرال» ھەرىكىتى يۈزبەرگەن غۇلجا شەھىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1992 ـ يىلى «ئىقتىسادى ئالاھىدە رايون» دەپ ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندىكى بەش ئوچۇق شەھەرنىڭ بىرى بولۇپ، 1992 ـ يىلى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان چېگرا سودىسى يىغىنىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى، غۇلجا، بۈرتالا، چۆچەك، شىخەنزە قاتارلىق بەش شەھەرگە ئىقتىسادىي سىياسەت جەھەتتە باشقا شەھەر ۋە رايونلارغا قارىغاندا كۆپلىگەن ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى تۈزۈپ چىقىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە غۇلجىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىدە خىتايلارنىڭ نوپۇسى مۇتلەق كۆپ ئىگەللىگەن بولۇپ، 300 مىڭ نوپۇسلۇق غۇلجا شەھىرىنىڭ ئاھالىسىنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلاتتى.

ئەينى چاغدا غۇلجا شەھىرىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادى شەھەر قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى، يەرلىك خەلقنى سۈيۈندۈرگەن ۋە ئۇلار كەلگۈسى ھاياتلىرى ھەققىدە گۈزەل خىياللارنى قۇرغان ئىدى. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، شۇ زامانلار غۇلجىنىڭ ئەڭ جىددى ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنىڭ بىرى ھېساپلىناتتى. ھەقىقەتەن 92 ـ يىلىدىكى ئۈرۈمچى چېگرا سودىسى يىغىنىدىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش ساياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، جىددى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە، غۇلجا شەھىرىنىڭ سودا ـ سانائە، ئىنشائات ۋە ساياھەت ئىشلىرىغا كەڭ كۈلەمدە مەبلەغ سېلىنىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ شەھەر ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق رايونلاردا چوڭ تىپتىكى سودا سارايلىرى، يەرمەنكە زاللىرى سانائەت كارىخانىلىرى كۆزگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە كۆپىيىشكە، چېگرا سودىسى جانلىنىپ، ئىكىسپورت ـ ئىمپورت مىقتارىمۇ ئالاھىدە ئېشىشقا باشلىدى.

مەسىلەن، «شىنجاڭ يىلنامىسى» دىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، غۇلجا ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن بىر يىل بۇرۇن، يەنى 1996 ـ يىلى غۇلجا شەھىرىگە مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرلەر بىلەن قۇرۇلۇش كېلىشىمى 40 تىن كۆپرەككە، سېلىنغان ئومومىي مەبلەغ 600 مىليون يۋەنگە يەتكەن. 27 سودىگەر بىلەن يەردىن ھەقلىق پايدىلىنىش توختىمى ئىمزالىنىپ، 723 كۇۋادىرات مىتىر يەر ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن، شۇ يىلى يەنە بۇ شەھەردە يېڭى رۇيخەتكە ئېلىنغان شىركەت 99 غا، تىزىمغا ئالدۇرۇلغان مەبلىغى 210 مىليون يۋەنگە يەتكەن. ئۇندىن باشقا يەنە شۇ يىلى غۇلجىنىڭ چېگرا سودىسىدىكى ئىمپورت ـ ئىكىسپورت ئومومىي سوممىسى 7 مىليون، 380 نەچچە مىڭ ئامېرىكا دەللىرىغا يەتكەن. غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۆزىنىڭ سانائەت ئومومىي مەھسۇلات قىممىتى 343 مىليون 520 مىڭ يۋەنگە يېتىپ، ئۇنىڭ ئالدىنقى يىلدىكىدىن 23 پىرسەنتىن كۆپرەك ئاشقان. خىتاينىڭ سىتاتىسكىلىرىدا يەنە، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يىللاردىمۇ يۇقىرىقى تۈرلەردە ئۆزلۈكسىز ئېشىش يۈز بەرگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. ئىقتىسادىي جەھەتتە كۆرۈلگەن بۇ خىل پەۋقۇلئاددە جانلىنىشنى كۆزدە تۇتقاندا، ئەسلىدە غۇلجىدا ھېچ كىم ئىشسىز قالماسلىقى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىش كۆرۈلۈشى كېرەك ئىدى. ئەمما بۇخىل تەرەققىيات غۇلجىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا ھېچ بىر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمىگەن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىشقا باشلىغان. بۇنىڭ تۈپ سەۋىبى شۇكى، ئۇيغۇرلار خىتاب ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجىغا قاراتقان يۇقىرىدىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ تېشىدا قالدۇرۇلغان بولۇپ، يۇ سىياسەتتىن تامامەن خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى سودىگەر ۋە شىركەتلەر، «بىڭتۋەن» نىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق 4 ـ دىۋىزىيەسىنىڭ خىتايلىرى، شۇنداقلا چەتئەل كارىخانىلىرى پايدىلانغان، يېڭىدىن قۇرۇلغان سودا ۋە ئىشلەپچىقىرىش كارىخانىلىرىغا قوبۇل قىلىنغان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرمۇ ئاساسەن خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان. يەرلىككە تەۋە كۆپلىگەن يەرلەرمۇ «ئىجارىگە بېرىش»، «يەردىن ھەقلىق پايدىلىنىش» دېگەندەك ناملار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىنىپ، خىتاي سودىگەرلىرىگە بۆلۈپ بېرىلگەن. ئانچە ـ مۇنچە سەرمايىسى بار ئۇيغۇرلارنىڭ غۇلجا ئىقتىسادىي رايونىغا قارىتىلغان ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىش يوللىرى تۈرلۈك مەمۇرى توساقلار بىلەن توسۇپ قويۇلغان. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن سودىگەر ۋە كارىخانىلار بىلەن رىقابەتلىشىدىغان كۈچى بولمىغاچقا، نائىلاج يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئىنتايىن قىيىن شارائىتلار ئاستىدا سومكا كۆتۈرۈپ تىجارەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

 بەزى غەيرى رەسمى ستاتىسكىلار، 90 ـ يىللارنىڭ باشلىرىدىن ئېتىۋارەن غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشسىزلىقنىڭ شىددەت بىلەن باش كۆتۈرۈپ چىققانلىقى، شەھەرنىڭ كۇچا ـ كۆيلىرىنىڭ ئىشسىز ۋە دەسمايىسىز ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن تولۇپ تاشقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئەركىن ئاسىيا ۋادىئوسىنىڭ بىر قېتىملىق ئاڭلىتىشىدا بەزى شاھىدلارنىڭ تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىدە، ئىشسىزلىقنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ھاراق ۋە زەھەرلىك چىكىملىكلەرگە بېرىلىپ كېتىشتەك ناچار ئىجتىمائى ئەھۋاللار باش كۆتۈرۈپ چىققان، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، بىر تۈركۈم ئىلغار ئۇيغۇر ياشلىرى غۇلجىدا مەشرەپ پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كېلەچىكىدىن ئۈمىدىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ، چۈشكۈنلۈك ئىچىدە يۈرگەن ئۇيغۇرياشلىرىنى مەزمۇنى مول مەشرەپ پائالىيىتىگە جەلپ قىلىش ئارقىلىق، ئۇلاردا باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان ناچار ئىجتىمائىي كەيپىياتلارنى پەسەيتىشكە ۋە يوقىتىشقا تىرىشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجا ياشلىرىنىڭ بىردىنبىر روھى ئۇزۇقىغا ئايلانغان مەشرەپ پائالىيىتىنىمۇ تۈرلۈك سىياسىي بەتناملار بىلەن قارىلاپ، مەشرەپلەرنى چەكلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، سوئال ـ سوراقلارغا تارتقان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشى، تەبىئىي ھالدا غۇلجا رايونىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كەڭ ـ كۈلەملىك بىر نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن سىياسىي مۇھىت ھازىرلاپ بەرگەن. 

يەنە بىر جەھەتتە «5 ـ فېۋرال» ھەرىكىتىنىڭ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن «7 ـ نومۇرلۇق مەخپى ھۆججەت» دېگەن نامدا تۈزۈپ چىققان سىياسىتىنىڭ كەڭ ـ كۈلەمدە ئىجراغا قويۇلغان، بولۇپمۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا دىنىي ساھەگە قاراتقان بېسىم ۋە باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئالاھىدە ئېغىرلاشقان پەيتىگە توغرا كەلگەنلىكىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قاراتقان دەپسەندىچىلىك سىياسىتىنىڭ «5 ـ فېۋرال» ۋەقەسىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، 1996 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومىتىتى سىياسىي بىروسى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان ۋە 10 ماددىدىن تەركىب تاپقان «7 ـ نومۇرلۇق» ھۆججەتتە، دىپلوماتىيە جەھەتتە ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش، دىن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە قاراتقان نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، دىنىي ۋە مىللىي تۇيغۇنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئاساسى پونىكسىيونىنى مىللىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشقا قارىتىش، بىڭتۋەننى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ مىللىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، شەرقىي تۈركىستاندا ھەرزامان يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان مىللىي ۋەقەلەرنى ئۆز ۋاختىدا باستۇرۇش ئۈچۈن خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى بىلەن جاندارما قىسىملىرىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكەت جەھەتتىن ھازىر ھالغا ئەكىلىش، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، يەنى خىتاي كۆچمىنى يۆتكەش ... قاتارلىق ناھايىتى كەڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە بۇھەقتە كونكىرىتنى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ئۇندىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى، «شىنجاڭغا ئاساسى خەۋپ مىللىي بۆلگۈنچىلەردىن كېلىدۇ» دېگەن تەلەپپۇزنى قوللىنىپ كەلگەن بولسا، «7 ـ نومۇرلۇق» ھۆججىتىدە، «شىنجاڭغا ئاساسى خەۋپ مىللىي بۆلگۈنچىلەردىن ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتتىن كېلىدۇ» دېگەن شۇئار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ مەلۇمۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي ساھەگە قارىتا كەڭ ـ كۈلەمدە چەكلەش ۋە باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىڭ بېشارتى ئىدى. 1997 ـ يىلىنىڭ باشلىرى بولسا دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش» دېگەن نامدا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قاراتقان دەپسەندىچىلىكىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقارتقان مەزگىل ئىدى. مەسىلەن، «5 ـ فېۋرال» غۇلجا ھەرىكىتىنىڭمۇ، رامىزان ئېيىنىڭ قەدر كېچىسى ئۆيلىرىدە نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر توپ ياشنىڭ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىشى تۈپەيلىدىن پارتلاپ چىققانلىقىمۇ، بۇ نوقتىنى ئوچۇقچە ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. 

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرى ئەللىك نەچچە يىللىق ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، بۇ ھەرىكەت 1949 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان خىتاي كوممۇنىستلىك ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، بىر توپ ئۇيغۇر جامائىتىنى يېتەكلەپ چەتئەلگە پاناھلىنىپ چىققان مەشھۇر ئۇيغۇر زاتلىرىدىن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن ئەپەندىلەر تەرىپىدىن باشلىتىلغان ئىدى. شۇندىن بۇيان بۇ ھەرىكەت دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ئىزچىل تۈردە داۋاملىشىپ كەلمەكتە ۋە زاماننىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ، سىياسىي پائالىيەتلىرىمۇ ئۆزلىكسىز تۈردە كۈچىيىپ كەلمەكتە. ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ ئۆتمۇشىنى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ، شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ تاشقى دۇنيادىكى ئىنكاسى ۋە مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ تەرەققىيات ۋە تۇرغۇنلۇق باسقۇچلىرىنىڭ بىر ـ بىرىگە ناھايىتى زىچ ھالدا پاراللىل كەلگەنلىكىنى، يېتەكچى ئىدىيە، غايە ـ مەقسەت جەھەتتىمۇ بىر ـ بىرىدىن پەرقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتىنڭ ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىلگەندەك، 90 ـ يىللاردىن ئېتىبارەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە جانلىنىش كۆرۈلمەكتە ۋە ھازىر 20 گە يىقىن دۆلەتتە 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى ۋە ئاممىۋى گۇرۇپپىسى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە. خۇددى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك، ھېچ شۈبھىسىزكى، كېيىنكى 10 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان رايونىدا يۈز بەرگەن زور سىياسىي ھادىسىلەر ۋە ئۆزلۈكسىز كۈچىيىشكە باشلىغان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ جانلىنىشى ۋە زورىيىشىدا بىۋاستە مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. بۇ لارنىڭ ئىچىدە 97 ـ يىلى يۈز بەرگەن «5 ـ فېۋرال» غۇلجا ھەرىكىتى، بۇ جەھەتتىكى رولى ۋەتەسىرى جەھەتتە بىۋاستە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئەڭ ئاساسلىق ھادىسىلەرنىڭ بىرى ھېساپلانماقتا.    

«5 ـ فېۋرال» غۇلجا ھەرىكىتى، ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشىدا ھەم خەلقئارا سىياسىي سەھنىلەرگە چىقىشىدا ھەل قۇلغۇچ رول ئويناپلا قالماستىن، بەلكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسىغا ۋە پائالىيەتلىرىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. دىققەت قىلىدىغان بولسا، «5 ـ فېۋرال» غۇلجا ھەرىكىتىدىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا بىرلىك ۋە ھەمكارلىقنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيگەنلىكى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭمۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئالاھىدە جانلانغانلىقى كۆرۈلنەكتە.

   مەسىلەن، تۈركىيەنى ئېلىپ ئېيتساق، «5 ـ فېۋرال» ھەرىكىتى يۈز بەرگەن ھامان بۇ دۆلەتتە ئىلگىرى ئۆز ئالدىغا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان فوندى جەمئىيىتى»، «شەرقىي تۈركىستان ھومكارلىق جەمئىيىتى»، «شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دەرھال «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزى» دېگەن نامدا ۋاقىتلىق بىرلىكسەپ قۇرۇپ چىقىپ، بۇ بىرلىكسەپنىڭ نامىدا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، 2 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلۇسىنىڭ ئالدىدا كەڭ كۈلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى، بۇ چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ «5 ـ فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق، شۇنداقلار كۈلىمى ئەڭ زور، ئەڭ شىددەتلىك نامايىش ئىدى. نامايىش جەريانىدا خىتاي كونسۇلخانىسى تۇخۇم يامغۇرىغا تۇتۇلدى.

غەزەپ ـ نەپرىتى نولۇپ ـ تاشقان بەزى نامايىشچىلار كونسۇلخانىنىڭ قوروسى ئىچىدىكى ئىگىز خادىغا يامىشىپ چىقىپ، خادىدىكى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى سۆكۈپ ئېلىپ، كۆيدۈرۈپ تاشلىغان ئىدى. بۇ ھادىسە ئەينى چاغدا خىتاي ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققەت ـ ئېتىبارىنى قوزغىغان بولۇپ، ھەتتا تەيۋەن «مەرگىزى ئاخبارات ئاگىنتىلىقى» بىلەن شاڭگاڭنىڭ «شىڭدا» گېزىنى «5 فېۋرال» ۋەقەسىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى ھەققىدە مىللىي مەركەزدىن ئۇچۇر ئىگەللەش ئۈچۈن تۈركىيەدە مەخسۇس پونكىت قۇرغان ئىدى. «5 ـ فېۋرال ھەرىكىتى» نىڭ ئىلھامى ئاستىدا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزى» خىتاينىڭ غۇلجىدىكى قىرغىنچىلىقىغا قارشى كەڭ كۈلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەش بىلەن بىرگە، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن جىددى ئالاقە تورى قۇرۇپ، ۋەتەن ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر ھەققىدە بىۋاستە دەلىل ـ ئىسپاتلىق ماتېرىياللارنى توپلاپ چىقىپ، مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرىش، بايانات ئېلان قىلىش، خەۋەر نامە بېسىپ تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇل ۋە شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنى ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ، بولۇپمۇ غۇلجا رايونىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى ھەققىدە خەۋەر ـ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشقان ئىدى.  

يەنى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا «5 ـ فېۋرال» ۋەقەسى، تۈركىيەدە بىرقانچە يىلدىن بۇيان تۇرغۇنلۇق ھالىتىدە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا جانلىنىش ئېلىپ كېلىش بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا، ۋاقىتلىق بولسىمۇ بىر مىللىي مەركەزنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا بىۋاستە سەۋەبچى بولغان ئېدى. بۇ ۋاقىتلىق مىللىي مەركەز، 1998 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى 10 نەچچە دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن رەسمىي ھالدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان رەسمىي ئالىي ئورگانغا ئايلانغان ئىدى. ئەينى چاغدا بۇ مىللىي مەركەز تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، ئۇنىڭ «5 ـ فېۋرال» غۇلجا ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسىدە قۇرۇلغانلىقى ئېنىق قەيت قىلىنغان ئېدى. 

«5 ـ فېۋرال» غۇلجا ھەرىكىتى پەقەت تۈركىيەدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇلارغا جانلىش ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

مەسىلەن، «5 ـ فېۋرال» يۈز بېرىپ 3 كۈندىن كېيىن، يەنى 2 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇكھۇرىيەتلىرىدىكى ئاساسلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھېساپلانغان «ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى»، «ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى»، «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي مىللىي بىرلىك سېپى» قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ بىرلەشكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، مەخسۇس بىرلىك سەپ قۇرۇپ چىقىپ، شۇ ئاساستا ئورتاق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا 1998 ـ يىلى تۈركىيەدە شەكىللەنگەن بىرلىك سەپ بىلەن ئورتاقلىشىپ، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزى» نى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ئىدى. ئەينى چاغدىكى رەسمى ستاتىسكىلاردا، «5 فېۋرال ھەرىكىتى» يۈز بېرىپ بىر ئاي ئىچىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيە، ئامېرىكا، ئاۋۇستىرالىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋىتسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتايغا قارشى 15 قېتىم نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالدىنقى 5 يىل ئىچىدە ئېلىپ برغان ئومومىي نامايىشلىرىنىڭ سانىغا تەڭ ئىدى. بۇ خىل نامايىشلار تاكى بۈگۈنگە قەدەر ھەريىلى «5 ـ فېۋرال» كۈنى ئىزچىل تۈردە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

ئۇندىن باشقا يەنە «5 ـ فېۋرال» ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا تارىختا ھېچ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىشقا باشلىغانلىقى، شۇنداقلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈن تەرتىبىدە ئالاھىدە ئورۇن ئېلىشقا باشلىغانلىقىمۇ بىر ئەمەلىيەت ئىدى. مەسىلەن ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن 99 ـ يىلى مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان چوڭ ھەجىملىك دوكلاتىدا، «5 ـ فېۋرال» قىرغىنچىلىقىغا دائىر دەلىل ـ ئىسپاتلارنىڭ ئاساسلىق سالماقنى ئىگەللىگەنلىكىمۇ، بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. 

دېمەك، خۇددى بەزى ئۇيغۇر سىياسىيونلىرىنىڭ باھا بەرگىنىدەك، غۇلجا خەلقىنىڭ قېنى بىكارغا ئاققىنى يوق، غۇلجا خەلقى ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى ئارقىلىق پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە كۈچلۈك شەكىلدە تۇيغۇزۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشى ۋە زورىيىشى ئۈچۈنمۇ بىۋاستە مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.

 

باش بەت

aturan2003@yahoo.com

بارلىق نەشر ھوقۇقى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىغا ئائىت

 All Rights Reserved Taklamakan Uyghur Publishing 2007 --- 2009 http://www.uyghurweb.net