English

Türkçe

 

عربي

ئۇيغۇرچە

 

ئاتاقلىق شائىر، پوپلست ۋە تارىخچى ــــــ سابىت (ئۇيغۇرى)

ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە

ئەھمەد ئىگەمبەردى

خوشلىشىش

 

مەن ئىدىم ئۇيغۇر ئوغلى ـ سابىت دېگەن،

بەخىتسىز مىللىتىمنىڭ غىمىنى يېگەن.

ئىنتىلدىم، ئارمانىمغا يېتەلمىدىم،

شۇنچىلىك قىسقا ئىكەن ئۆمۈر دېگەن.

 

ئوت ئىدىم يالقۇنلىغان ئۆچتۈم ئەمدى،

ھاياتلىق دۇنياسىدىن كۆچتۇم ئەمدى.

سامادا چاقنىغان بىر يۇلتۇز ئىدىم،

قويۇلۇپ قارا يەرگە چۈشتۈم ئەمدى.

 

مەن كەتتىم تۈندە ئاققان يۇلتۇز بولۇپ،

ۋەتەن قالدى سۆيەلمىگەن بىر قىز بولۇپ.

ئارقامدا «ئۇيغۇرنامە» كىتاب قالدى،

ياشىغان ھاياتىمدىن بىر ئىز بولۇپ.

 

كىتابىم، ئەلگە سۇنغان ھەدىيەم مېنىڭ،

ئۇنى ئۇقار ئەۋلادىم، نەۋرەم مېنىڭ.

قەبرەمنى قارا يەردىن ئىزدىمەڭلەر،

خەلقىمنىڭ يۈرىگىدە قەبرەم مېنىڭ.

 2005- يىلى، ئىيۇل، ئالمۇتا

 ئادەتتە ئىنسان ئۆزىنىڭ قاچان، قەيەردە تۇغۇلىشىنى بىلمىگەندەك ئۆزىنىڭ قاچان، قەيەردە ئۆلۈشىنىمۇ بىلمەيدۇ. لېكىن بەزى ۋاقىتتا بەزى ئادەملەر ھاياتلىق دۇنياسى ئۈچۈن دەھشەتلىك بولغان ئۆلۈمنىڭ شەپىسىنى ئالدىنئالا سېزىپ، سۆز ـ ھەرىكەتلىرىدە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.

سابىت ئۇيغۇرى ئۆزىنىڭ تۆت كوبلىتلىق قىسقا، لېكىن چۇڭقۇر ھېس ھاياجانغا تولغان شېئىرىدە ۋەتىنىنى پۈتۈن ئاڭلىق ھاياتى بىلەن سۆيۈپ، ئاشۇ ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى، مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئۆمرىدە ئۆلۈمدىن باشقىسىنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەن ۋەتەنپەرۋەرنىڭ ھاياتلىقتىن مەڭگۈ ئايرىلىش ئالدىدىكى يۈرىكىنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىن چىققان جۇدالىق نىداسى ئارزۇ ئارمان، ئاھۇ  زار ۋە قەلب مۇڭلىرىنى ئالدىراپ ـ ئالدىراپ بىزگە ئاڭلاتقان ئىكەن...

سابىت ئۇيغۇرى يۇقىرىدىكى جۇدالىق شېئرىنى يېزىپ، 3 - 4 كۈندىن كېيىن «ئۇيغۇرنامە» كىتابىنى نەشرىياتقا ئۆتكۈزۈپ، ئۆيىگە ئاز قالغاندا سىرلىق ماشىنا قازاسىغا ئۇچراپ، 2005 - يىلى 14 - ئىيۇل بۇ ۋاپاسىز دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈككە خوشلاشقانغىمۇ بىر يىل بولۇپ قالدى.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى، ئاتاقلىق مۇجاھىت، ئىنقىلابچى، شائىر، تارىخچى ۋە جامائەت ئەربابى سابىت ئابدۇراخمان ئۇيغۇرى 1928 - يىلى نويابىردا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئانا يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولغان يەتتىسۇ ھازىرقى قازاقسىتاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتى چىلەك ناھىيىسى قارا تورۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. سابىت ئابدۇراخماننىڭ ئائىلىسى ھاللىق باي دېھقان بولۇپ، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ يېزىلاردا يۈرگۈزگەن «كوللىكتىپلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن، ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ، 1932- يىلى مايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىگە كېلىپ، يەنە ئۆزىنىڭ دېھقانچلىقى بىلەن شۇغۇللانغان.

سابىت ئابدۇراخماننىڭ بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق ۋە قىران يىگىتلىك دەۋرىلىرى ئاساسەن غۇلجىدا ئۆتكەن.

سابىت ئابدۇراخمان 1936- 1941- يىللاردا غۇلجا شەھەر «شەرق» مەكتىپى، 1942 – 1944 - يىللاردا غۇلجا مىللەتلەر گىمنازىيەلىرىدە ئوقۇپ ھەم ئۇنى پۇتتۇرۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئېرىشكەن.

ئۇ گىمنازىيەنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەمگەك پائالىيىتى باشلانغۇچ مەكتەپتە مۇئەللىم بولۇشتىن باشلانغان.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ گومىنداڭ ئىستىبداتىغا قارشى مىللىي ئىنقىلابى غۇلجىدا غەلىبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن 1944- يىلى 12- نويابىردا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، رەسمى ئېلان قىلىندى.

سابىت ئابدۇراخمان ئىنقىلابنىڭ 1- كۈنلىرىدىن باشلاپلا غەنى باتۇر قۇماندانلىقىدىكى پارتىزانلار ئىشتابىدا كاتىب بولۇپ ئىشلىدى. 1945- يىلى يانۋاردىن مارتقىچە مەركىزى ھۆكۈمەت تەشۋىقات بۆلۈمىدە، مارتتىن باشلاپ، «ئازات شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ جاۋابكار خادىمى بولۇپ ئىشلىدى.

1945 - يىلى ئىيۇن، ئىيۇل ۋە ئاۋغۇست ئايلىرىدا مەركىزى ھۆكۈمەت ھەربىي بۆلۈمىنىڭ ئويۇشتۇرغان قىسقا مۇددەتلىك ھەربىي كورسىدا تەلىم ئېلىپ، پراپورشىكىلىك ئونۋانى بىلەن ئىستىپاغا چىقىرىلىدۇ.

1945- يىلىدىن 1946- يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك «شەرق» ۋە «روشەن» مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ.

1946- يىلى نۇيابىردا مەركىزى ھۆكۈمەت ھەربىي بۆلۈمى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ شىخودىكى 1- پىيادە ئەسكەرلەر پولكىغا ئەۋەتىلىدۇ ھەم شۇ پولكىنىڭ ھەربىي تەييارلىق بۆلۈمى كاتىپلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. 1947- يىلى كۈز ۋە قىش ئايلىرىدا گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن ساۋەن ناھىيىسىدە ئويۇشتۇرۇلغان مىللىي ئارمىيەگە قارشى قۇراللىق ئىسيانىغا قارشى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسنىڭ ئېلىپ بارغان جەڭلىرىگە قاتناشتى. بۇ ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن 1948- يىلى يانۋاردىن باشلاپ، پولك سىياسى بۆلۈمىنىڭ كاتىپى ھەم «جەڭچىلەر ئاۋازى» گېزىتىدە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىدى.

سابىت ئابدۇراخمان شۇ مەزگىللەردە گۈزەل ئەدەبىياتقا قىزىقىپ، شېئىرلار يازدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى «ئۇچقۇن» تەخەللۇسى بىلەن «جەڭچىلەر ئاۋازى» گېزىتى ۋە غۇلجىدا چىقىدىغان مەركىزى گېزىت ـ ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ تۇردى.

1948- يىلىغا كەلگەندە ئىچكى ـ تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلى مىللى ئىنقىلابقا قاتناشقان بەزى تەسلىمچى رەھبەرلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كېچىپ، كوممۇنست خىتاي ھۆكۈمىتىگە قوشۇلۇشنى ئۇچۇقتىن ـ ئۇچۇق تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيىتتە ياش سابىت ئابدۇراخمان مۇستەقىللىق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ «ياش شەرقىي تۈركىستان» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئۆز پائالىيىتىنى باشلاپ، شەرقتىن كېلىۋاتقان خىتاي كوممۇنسىتلىرىغا قوشۇلماي، ئازات شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتىنى ساقلاپ قىلىشىنى مەقسەت قىلىدى.

لېكىن دۈشمەنلەرنىڭ سۈيقەستى بىلەن تەشكىلات پاش بولۇپ قالغاندىن كېيىن 1946- يىلى ئىيۇندا تەشكىلات ئەزالىرى ھەم سابىت ئابدۇراخمان قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى.

مىللىي ئارمىيە باش قۇماندانى گېنېرال لتنانت ئسھاقبېك: «بۇ ئوفىتسېرلەر سىياسى تەربىيە بىلەن قايتا ئىشقا قويۇلسۇن!» دەپ تەستىق سالغان بولسىمۇ، رەھبەرلىرىمىزنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمىدىن كېيىن، 1949- يىلى 17- دېكابىردا قۇرۇلغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بۇ ئوفىتسېرلەرنى 10 ئاي تۈرمىدە ياتقۇزۇپ 1950- يىلى ئاپىرىلدا بۇشاتتى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنىڭ خەتەرلىك دەپ قاراپ، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، كېيىنكى يۈرگۈزۈلگەن ھەرىكەتلەردە بۇ كىشىلەر، بولۇپمۇ، سابىت ئابدۇراخمان زەربە بېرىشنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولۇپ كەلدى.

سابىت ئابدۇراخمان 1- قېتىم 1951- 1952- يىللاردا، 2- قېتىم 1955- 1957- يىللاردا تۈرمىگە ئېلىنىپ، جەمئى 30 ئاي تۈرمىدە ياتتى.

سابىت ئابدۇراخمان تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆز بىلىمىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، 1952- يىلى كۈزدە ئۈرۈمچىگە كېلىپ، سابىق «شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى» تىل ـ ئەدەبىيات پاكولتېتىغا كىرىپ، 1954- يىلى يازدا ئوقۇشىنى ئەلا باھا بىلەن تۈگىتىپ، غۇلجىغا قايتتى. ئۇ شۇ يىلى ئىيۇلدا غۇلجىدىكى ئوقۇتقۇچى تەييارلاش دارىلمۇئەللىمىنگە خىزمەتكە كىرىپ بۇ مەكتەپتە 4 يىل ئۇستاز بولدى.

1957- 1958- يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» (ئەمىليەتتە خىتاي بويىچە «ئىستىل تۈزىتىش» دەپ ئاتالغان) ھەرىكەتتە سابىت ئابدۇراخمان «كۈرەش ئوبيېكتى» قىلىنىپ، غۇلجا شەھىرىدىكى مەدەنى ـ مائارىپ ساھەسەدىكىلەردىن تەشكىل تاپقان 600 كىشىلىك كۈرەش مەيدانىدا 6 كۈن ئۆرە تۇرغۇزۇلۇپ، قاتتىق كۈرەش قىلىندى. 1958- يىلى 19- ئۆكتەبىر كۈنىدىكى چوڭ يىغىندا مۇستەقىللىق ئىدىيەلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، جاھىللىق قىلغىنى ئۈچۈن سىياسىي ـ قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشقا ھاۋالە قىلىنىپ، نەق مەيداندا قولغا كويزا سېلىنىپ، تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلدى. تۈرمىدە ئېغىر قىيناش ـ ئازابلارغا ئۇچرىغان سابىت ئابدۇراخمان تۈرمىدە يېگەن تاياق زەربىدىن ئومۇرتقىلىرى زەخمىلىنىپ، ئوپراتسيە قىلىندى. ئۇنىڭ ھېچقانداق «گۇناسى» بولمىسىمۇ، 7 يىل 4- ئاي تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن 1961- يىلى يانۋاردا تۈرمىدىن قويىۋىتىلدى.

1966- يىلى مايدا خىتايدا باشلانغان ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دېگەن فاشستىك ھەرىكەتنىڭ تىخ ئۇچى يەنىلا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ قالايمىقانچىلىقلىرى ۋە سوۋېت خىتاي ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆز ۋەتىنىدە مۇستەقىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئۇيغۇر خەلقى يەنە بىر قېتىملىق ئۇمۇمى قوزغىلىشقا تەييارلىق قىلدى.

1962- يىلى مايدا قايتا تەشكىللەنگەن «شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى» (خ ئى پ) نىڭ رەھبەرلىكىدە خەلق باشقىدىن تەشكىللىنىشكە باشلىدى.

شۇنچە خورلۇق، ئازاب ـ ئوقۇبەتلىك تۈرمە ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرگەن سابىت ئابدۇراخمان ئۆزىنى چەتكە تارتماي، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرىستاننى ئازات قىلىشتەك ئىزگۈ ئارمان ئۈچۈن ئىنقىلاب قاينىمىغا ئۆزىنى ئاتتى. لېكىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قۇراللىق كۈرىشىگە ياردەم بەرمەكچى بولغان سوۋېت ھۆكۈمىتى خەلق قۇزغىلىۋاتقان ھالقىلىق پەيىتتە ئۆز ۋەدىسىدە تۇرماي، ئۇيغۇر خەلقىگە يەنە بىر قېتىم خىيانەت قىلدى. بېيجىن تىررور ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇمى يۈزلۈك تۇتقۇن ۋەقەتلىئاملارنى باشلاپ، 1946- يىلدىن كېيىنكى مەزگىلىدە مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىنىقلابى ھەرىكىتىنى قانغا پاتۇردى. شەرقىي تۈركىستان بويىچە 100 مىڭلاپ ئۇيغۇرلار قولغا ئېلىندى. 1000 لاپ ئۇيغۇرلار ئېتىپ تاشلاندى، ياكى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلدى.

سابىت ئابدۇراخمانمۇ 1970- يىلى 11- فىۋرالدا قولغا ئېلىندى. 1976- يىلى ماۋزېدۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن خىتايدىكى بىر قاتار سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، «مەدەنىيەت ئىنىقلابى» تۈپەيلى كېلىپ چىققان كادىرلار بوھرانى يۈزىسىدىن سىياسىي مەھبۇسلارغا سىياسىي كەچۈرۈم قىلىنىپ، 10 يىلدىن ئۇشۇق تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن  سابىت ئابدۇراخمان  ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىمۇ تۈرمىلەردىن چىقتى. 20 يىلدىن ئۇشۇق تۈرمە ئازابىنى تارتىپ، يەنىلا سىياسىي تەپتىشلەردىن قوتۇلۇشقا كۆزى يەتمىگەن سابىت ئابدۇراخمان ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقراسى بولغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز خەلقىگە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىنى ئىزدەپ، ئائىلىسى بىلەن 1981- يىلىنىڭ ئاخىرىدا قازاقىستانغا چىقىپ كەتتى.

ئۇ يىللار سوۋېت ئىتتىپاقىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغىنى ئۈچۈن تۇغۇلغان يۇرتى قاراتۇرۇق يېزىسىدىكى 10 يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپتە 1988- يىلى پىنسىيەگە چىققانغا قەدەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى.

1991- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلاندى. قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرشتى. قازاقستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئېلىپ بېرش ئۈچۈن ھاشىر ۋاھىدى باشچىلىقىدىكى تەشكىللىنىش ئىشلىرى باشلاندى. بۇ ھەرىكەتكە   سابىت ئابدۇراخمان ئاكتىپ قاتناشتى.

1992- يىلى ئىيۇندا ئالمۇتىدا «ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى» «ئۇ ئا ت» رەسمى قۇرۇلدى. سابىت ئابدۇراخمان  «ئۇ ئا ت» نىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ ئورگىنى، «ئۇيغۇرىستان» گېزىتىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

«ئۇ ئا ت» نىڭ قۇرغۇچى رەئىسى ھاشر ۋاھىدى ۋاپاتىدىن كېيىن 1997- يىلى ئاۋغۇستتا ئېچىلغان 2- قۇرۇلتايدا ئۇ «ئۇ ئا ت» نىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. بۇ خىزمەتتە ئۇ 5 يىل بولۇپ، 2002 - يىلى 1- سىنتەبىردە ئېچىلغان «ئۇ ئا ت»، «قازاقىستان ئۇيغۇرلار ئىتتىپاق» ھەم قىرغىزىستاندىكى «ئۇ ئا ت» تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە قۇرۇلتىدا ئۈچ تەشكىلات بىرلىشىپ، «ئۇيغۇرىستان خەلق پارتىيىسى» (ئۇ خ پ) نى قۇرۇپ چىقتى، سابىت ئابدۇراخمان «ئۇ خ پ» نىڭ 2 - مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى.

ئۇ 1998 - يىلى مارتتا ئىستانبولدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە خەلقئاردىكى بىر قىسىم تەشكىلات ۋەكىللىرى بىرلىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزى قۇرۇپ چىقىش تەشەببۇسكارلىرى بولۇپ، مەركەزنىڭ تەسىس يىغىنىنى ئېچىش ۋە ئۆتكۈزۈش ئىشلىرىغا بىۋاستە قاتناشتى.

ئۇ 1999- يىلى 11- ئاينىڭ 15- كۈنى ئۆكتەبىر كۈنلىرى گېرمانىيە مىيۇنخىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. 2- قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، قۇرۇلتاي دائىمى ھەيئىتىگە ئەزا بولۇپ سايلاندى. 2001- يىلى 18- 19- ئۆكتەبىرلەردە بىلگىيە پايتەختى بىروسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) قۇرۇلتىيىدا رەسمى ۋەكىل بولۇپ تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، بەزى ئوبيېكىتىۋ سەۋەبلەر تۈپەيلى قۇرۇلتايغا قاتنىشالمىدى. لېكىن قۇرۇلتايدا سابىت ئابدۇراخماننى يەنىلا قۇرۇلتاي دائىمى ھەيىتىگە ئەزا قىلىپ سايلىدى. سابىت ئابدۇراخمان ۋەتەندىن تارتىپ ۋاپات بولغانغا قەدەر قازاقىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خەلقئار مىقياسىتا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسىنى تەشكىللەش، راۋاجلاندۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش ساھەلىرىدە بارلىقىنى ئايىماي جان تىكىپ كۈرەش قىلغان يالقۇنلۇق ۋەتەنپەرۋەر، ئاتاغلىق مۇجاھىت، پېشقەدەم رەھبەرلىرىمىزنىڭ بىرى.

مەن سابىت ئابدۇراخمان بىلەن 1953- يىلى ئاۋغۇستتا سابىق «شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى» تىل ئەدەبىيات پاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ۋاقىتلاردا تۇنۇشقان ئىدىم. پاكولتىتىمىزنىڭ 2- كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان 25 ياشلاردىكى قاراقۇمچىك، كۆزلىرىدىن ئوت يېنىپ تۇرىدىغان، چاققانغىنە بويى بار. بۇ قىران يىگىت بىزدەك ياش شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئۈلگە ئىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى «شىنجاڭ ئەدەبىيات ـ سەنئىتى» ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئالمۇتا، تاشكەنتتىكى «قازاق ئېلى»، «شەرق يۇلتۇزى» ژورناللىرىدا پات ـ پات ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى.

سابىت ئابدۇراخمان 1954- يىلى مەكتەپنى تۈگىتىپ غۇلجىغا كەتتى. شۇندىن كېيىن مەن ئۇنى خىتايدا ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلانغان جىددى ـ قاتىلاڭ كۈنلەر باشلانغان 1969- يىلىنىڭ ئەتىياز كۈنلىرىدە غۇلجىدا 2 ـ قېتىم كۆرگىنىم ئىسىمدە بار. شۇ ئايرىلغانچە ئاخىرى سابىت ئابدۇراخمان  بىلەن بىر مەسلەكتىكى تەقدىرىمىز بىزنى ئارىدىن 29 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 1998- يىلى مارتتا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىدە خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزى قۇرۇش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئىستانبۇلدا كۆرۈشتۇردى.

پېشقەدەم مۇجاھىت شائىرنىڭ بېشىدىن شۇنچە ئېغىر دەھشەتلىك يىللارنى مۇھاجىرەتتىكى مۇساپىرچىلىقنىڭ تۈگمىنىدىن ھىجران دەرتلىرىنى تارتىپ، 70 نىڭ داۋانىغا چىقىپ چاچلىرىنىڭ ئاقارغانلىقىغا قارىماي، يەنىلا جىسمانىي تەرەپتىن ساغلام، ئەقلى پاراسەتتە كامالىغا يەتكەن، ئۆزى تىتىك، قەدەملىرى مەزمۇت كۆرۈندى.

ئۇ بىر كۈنى قىزىل تاشلىق قىلىن شېئىرلار توپلىمىنى ماڭا كۆرسىتىپ: «سىز بىلەن مەن بىر مەقسەت، بىر نىشان يولىدىكى قەدىناس مەسلەكداشلاردىن بولۇپ قالدۇق، مانا بۇ قولۇمدىكى 50 يىلدىن بۇيانقى قولۇمدا ساقلىنىپ قالغان شېئىرلىرىمنىڭ توپلىمى، سىز شېئىرلىرىم ھەققىدە بېغىشلىما يېزىپ بەرسىڭىز، سىز بىلەن ئۇزاق يىللار داۋامىدا تەقدىرداش بولدۇق، ئىجادىم ھەققىدە سىز خالىس باھا بېرەلەيسىز» دەپ «ھايات ناخشىلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ قوليازمىسىنى بەردى. مەن شائىر دوستۇمنىڭ تەكلىپىنى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، كىتابىنى ئالدىم ـ دە، بېغىشلىما يازدىم. بەختكە يارىشا، بۇ كىتاب شائىرنىڭ ئۆز تەھرىرلىكىدە ئابدۇمىجىت ھەمرايېۋنىڭ قوليازمىنى بەتكە چۈشۈرۈش بىلەن كونا ئۇيغۇر يېزىقىدا 99 - يىلى ئالمۇتىدا نەشىر قىلىنىپ، جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

«ھايات ناخشىلىرى» توپلىمى شائىرنىڭ 1944- يىلدىن 1999- يىلغىچە يېزىلغان شېئىرلىرى، باللادىلىرى ۋە داستانلىرى بولۇپ 250 دىن ئۇشۇق شېئىر، يۈزلەپ رۇبائىي ۋە پارچىلارنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ، شېئىرلار ئۆزىنىڭ مەزمۇنى ۋە يېزىلغان دەۋرىگە قاراپ، 7 بۆلۈمگە بۆلۈنۈپ بېرىلگەن: 1- «كۈرەش ناخشىلىرى» (1944-1949-)، 2- «تاڭ» ناخشىلىرى ـ (1949-1957-)، 3-«كۆڭۈل كۇيلىرى» ـ (1949-1957-)، 4-«زىندان ناخشىسى» ـ (1958-1981-)، 5- «ھىجران ناخشىسى» ـ (1982-1992-)، 6- «ئىستىقلال ناخشىسى» ـ (1992-1999-) ۋە «تەپەككۇر دۇردانلىرى» دىن ئىبارەت، بۇ بۆلۈنگەن دەۋەر باسقۇچلار ئاساسىدا يېزىلغان شېئىرلار بىر ـ بىرى بىلەن ئۆزئارا جانلىق باغلىنىپ بىر پۈتۈن گەۋدىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شائىر: «ھايات ناخشىلىرى» 7 يۇلتۇزدىن تەركىب تاپقان ھۈكەرگە ئۇخشايدۇ. ھۈكەرنى بۆلىۋېتىش مۇمكىن بولمىغىنىدەك، بۇ توپلامنىمۇ بۆلىۋەتكىلى بولمايدۇ، دەيدۇ.

بۇ توپلام شائىرنىڭ 50 يىلدىن ئۇشۇق جاپالىق ئەمگىكىنىڭ ئۇلۇغ سەمەرسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادىغا زەڭ سېلىپ قارايدىغان بولساق، ۋەتەن مۇھەببىتى، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن كۈرەش شائىر ئىجادىيىتىڭ باش تېمىسى ـ ئاساسى مەزمۇنى بولغانلىقىنى كۆرىمىز. مەيلى ئۇنىڭ ئىنقىلاب دەۋرىدىكى دەسلەپكى شېئىرلىرىدا بولسۇن، يا كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىيىتى دەۋرلىرىدىكى شېئىرلىرى يا ۋەتەندىن ئايرىلىپ چەتئەللەردە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن دەۋرلىرىدە يازغان شېئىر ـ ئەسەرلىرىدە بولسۇن يالقۇنلۇق ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابچى شائىر ۋەتەن دەردى، مىللەت غېمىنى كۆيلەپ، ئۆزىنىڭ ئىزگۈ ئېتىقاد ئىشەنچىسىگە پۈتۈن ھاياتى بويىچە سادىق بولۇپ قالدى.

بۇ شېئىرلىرىدا بىزگە ئۇلۇغ تەڭرى ئاتا قىلغان، ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەۋەررۇك ياردىكارى ـ سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىز ـ شەرقىي تۈركىستاننى چىن يۈرىكىدىن كۈيلەپ، ئۇنى تارىخى دۈشمىنىمىز خىتاي باشقۇنچىلىرىدىن ئازات قىلىشنىڭ زورۇلىكى، ئۇنى مۇستەقىل، ئازات قىلماي، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بەخىتلىك، ئەركىن بولالمايدىغانلىقىنى ئەسەرلىرىدە تىنماستىن قايتا ـ قايتا ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇ: «تارىخ بىزگە ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن. ھازىرقى ئەۋلادقا بۇنىڭدىن ئارتۇق مۇقەددەس شەرەپلىك ۋەزىپە يوق. ئۇيغۇرىستاننىڭ قاچان ئازات بولۇشى ـ تارىخى شەرت ـ شارائىتلارغا باغلىق، بىراق مۇشۇ مەقسەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ ياشاش ـ ئۇلۇغ بەخت ـ سائادەتتۇر» دېگەن ئىدى.

شۇنى ئېيتىش كېرەككى: بۇ توپلامدىكى شېئىرلار ئۇنىڭ ھاياتىدا يازغان شېئىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەمەس. شائىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدىكى گېزىت ـ ژورناللاردا ئېلان قىلغان شېئىرلىرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى تاپالمىغان، تۇرمىلەردە يېزىلىپ تۈرمىداشلارغا ئامانەت قىلغان شېئىرلىرى ئۇنىڭ قولىغا تەگمىگەننىڭ سىرتىدا، زىندان شېئىرلىرى كوممۇنست خىتاي گۇندىپايلىرى تەرىپىدىن كۆيدۈرۈپ ياكى مۇسادىرە قىلىنىپ يوقىتىلغان.

سابىت ئۇيغۇرى ئاتاغلىق پېشقەدەم شائىر بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە پېشقان، تەجرىبىلىك پوبلىست ـ ژورنالىست ئىدى.

مېنىڭ قولۇمدا ساقلىنىۋاتقان ئۇنىڭ:«خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا تاجاۋۇزچىلىق خەۋىپى توغرىسىدا» (1994- يىلى دېكابىر ـ ئالمۇتا)، «ۋەتەن مەكتۇپلىرى» (1998- يىلى ئۆكتەبىر ـ ئالمۇتا)، «خىتاي شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى دېلوسىنى قانداق ياساپ چىققان؟»، «مۇستەملىكچىلىكنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋەتلىرى»، «مۇستەقىللىقمۇ ياكى فىدىراتسيەمۇ؟» ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق كۈرىشىدىكى «ئىككى يول كۈرىشى»، «ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە خاتىرىلەر»، «ئىلىخان تۆرە ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى» ... قاتارلىق 27 پارچە خاتىرىلەر، ماقالىلەر، نوتۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماقالىلار توپلىمى بەزىلىرى قوليازما، بەزىلىرى خەت بېسىش ماشىنكىسىدا يېزىلىپ كۆپەيتىلىپ تارقىتىلغان. بۇ ماقالىلارنىڭ كۆپىنچىسى «ئۇ ئا ت» نىڭ «ئۇيغۇرىستان» ۋە «يېڭى ھايات» گېزىتلىرىدە ئېلان قىلغان ئىدى. 1982- يىلدىن، 1998- يىلنىڭ ئاخىرغىچە يېزىلغان بۇ ماقالىلاردا سابىت ئۇيغۇرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاجىئەتلىك تەقدىرى، كوممۇنىست خىتاي زۇلمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى، كوممۇنىست خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگىزىۋاتقان مۇستەملىكچىلىك سىياسىتىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرى، بۇ زۇلۇمدىن قوتۇلۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ توغرا ستىراتىگىيە ۋە جانلىق تاكىتىكىنى قوللىنىش مۇستەقىللىقىنى ئاخىرقى نىشان قىلغان ئىنسان ھەققى، دېموكراتىيە، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش پرىنسىپلىرىنى ئىشقا سېلىپ ھەم قەلەم ھەم ئام كۈرىشى ئېلىپ بېرشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

پېشقەدەم پوبلىست سابىت ئۇيغۇرى بىزنى ھازىرقى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىككى يول كۈرىشىنى توغرا ھەل قىلىپ، 1944- 1949- يىللاردىكى ئىنقىلابىمىزدا يۈز بەرگەن ۋەتەن ـ مىللەتنى ۋەيران قىلغان تەسلىمچىلىكنىڭ يېڭى شەكلىدىن قەتئى ساقلىنىپ، ۋەتەن مۇستەقىللىقىدا چىڭ تۇرۇشقا چاقىرىدۇ. ئۆزىدە رىئاللىقنى ئاساس قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى، مىللىتىمىزنىڭ ئەركىنلىكىنى ھازىر جاۋاب، جەڭگىۋار روھ بىلەن ئىپادىلىگەن. بۇ ماقالىلار ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور تەسىراتلار قوزغىغان ئىدى. ئۇنىڭ: «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا تاجاۋۇزچىلىق خەۋىپى توغرىسىدا» دېگە رىسالىسى گەرچە بۇنىڭدىن 12 يىللار بۇرۇن يېزىلغان بولسىمۇ، مۇئەللىپ بۇ كىتابچىسىدە خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ماھىيىتىنى تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق ئېچىپ، ئۇيغۇرلار، غەربىي تۈركىستاندىكى يېڭى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە دۇنيانى كوممۇنىست خىتاي جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەم كېڭەيمىچىلىكتىن ساقلىنىشقا چاقىرىدۇ. دەل بۈگۈن بېيجىن بىلەن موسكۋانىڭ ئاپاق ـ چاپاق بولۇشۇپ، غەربىي تۈركىستاندىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا تارتىپ ئەپكىرىشى ـ 2- قېتىملىق «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» ئۈچۈن تەييارلىقىتۇر.

سابىت ئۇيغۇرى ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ توغرا كۆز قاراش ۋە مەنتىقىلىق خۇلاسىلىرى بىلەن ئۆتمۈشنى ئەتراپلىق بىلىپ، بۈگۈننى توغرا چۈشەنگەن، يىراق كېلەچەكنى كۆرەلىگەن دانا سىياسىئۇنلارنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

بۇ ماقالىلار ئۆزىدە ئەكىس ئەتتۈرگەن رىئال تارىخى، ئىجتىمائى ۋەقەلەر، پاكىتلار، ئەمەلىيەتتىن چىقارغان مەنتىقىلىق خۇلاسىلىرى بىلەن ھازىرقى زامانىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، كېلەچەك ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

1998- يىلى ئىيۇن ئېيىدا مەن يېڭىدىن قۇرۇلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزى» نىڭ تەۋسىيەسى ھەم ئۆزەمنىڭ شەخسى زىيارىتىم بىلەن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكستانلاردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئىمكانىيتىگە ئېرىشتىم. بۇنىڭدىن مەقسەت، جامائەتچىلىكىمىز ئىچىدە ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي مەركەزنى تېزراق قۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى.

مەن سابىت ئابدۇراخمان قاتارلىق يولداشلار بىلەن ئالمۇتا ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر رايونلىرىدا بولۇپ، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىلەن ئۇچراشتىم. بۇ ئۇچرىشىشلار جەريانىدا يەتتىسۇ دىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرقى ھاياتى، 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان ۋەتەنسىز ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، دىن، مىللىي مەدەنىيەت، تارىخى ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىشتىكى تىرىشچانلىقلىرى ھەم ئۇلارنىڭ بىر كۈنى بولمىسا، بىر كۈنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز قوينىغا بېرىپ، ئۆز ـ ئۆزىمىزگە خۇجا بولۇپ، ئەركىن ياشايمىز دېگەن ئۇلۇغ ئىستەك ـ ئارمانلىرىنى ئاڭلىدىم.

جامائەت يىغىنلىرى، توي ـ تۈكۈن، نەزىر ـ چىراق، مەشرەپ، باراۋەىكەردە بىرگە بولۇپ، تارىخىي ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىپ، ناھايىتى زور تەسىرات ۋە بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. ئالمۇتا ئەتراپىدىكى «ئىككىنچى بۇخارا» دەپ ئاتالغان قورام يېزىسىدىن چىققان مەشھۇر دىنى ئالىم، ئەللامە ساۋۇت ئاخۇنۇم بىلەن مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ 1918- يىلىدىكى قىرغىنچىلىقتا قەتلىئام قىلىنغان زىيارەت گاھلىرىنى، غەنى باتۇر، خىزمەت ئابدۇللىن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مىللىتىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان مەشھۇر زاتلارنىڭ قەبرىستانلىقلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆلمەس روھلىرىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان تىلاۋەت قىلدۇق.

بىز نەگىلا بارمايلى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسنى ئېلىپ بېرىشتا مەرھۇم ھاشىر ۋاھىدى، يۈسۈپبىڭ مۇخلىسى، سابىت ئابدۇراخمان ھەم قەھرىمان غۇجامبەردى قاتارلىق رەھبەرلىرىمىزنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى ئېتىراب قىلىپ، ئۇلاردىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم.

2003- يىلى ئىيۇندىن ـ ئۆكتەبىرگىچە ئالمۇتادىكى تۇغقانلارنى يوقلاش سەپىرىمدە ئۇ يەردە كۆپرەك تۇرۇشقا ۋە بۇ قېتىم تېخىمۇ كۆپرەك ئاتاغلىق ئادەملىرىمىزنى ھەم جامائىتىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ جىقىراق ئەسىرار بولۇشقا توغرا كەلدى.

22- ئاۋغۇست (جۈمە) كۈنى ئىدى. سابىت ئابدۇراخمان ماتېرىياللار سېلىنغان پىلاستىك خالتىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ ئۆيىمىزگە كىرىپ كەلدى. ئۇ ماڭا يېزىپ پۇتتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان «ئۇيغۇرنامە» (ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇمۇمى مەلۇمات) كىتابىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى بېرىپ، كىتاب ھەققىدە ئۆز پىكىرىمنى بېرىشنى سورىدى.

مەن بۇ كومپيۇتىردا كىرىل ھەرىپىدە يېزىلغان كىتابنىڭ 1- بېتىنى ئېچىش بىلەن سابىت ئۇيغۇرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ماتېرىيال كۆرۈش، ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، كۈننى تۈنگە، تۈننى كۈنگە ئۇلاپ، ناھايىتى كۆپ رىيازەت چىكىپ، مەيدانغا كەلتۈرگەن تارىخ خەزىنىسىنىڭ ئىچىگە چۆكۈپ كەتتىم....

بۇنىڭدىن 20 مىڭ يىللار بۇرۇن تىنچ ئوكياندا مەيدانغا كەلگەن «قەدىمىي قۇرۇقلۇق مۇ» دىكى جەيمىس چۆرچىۋىردە زىكىر قىلىنغان ئۇيغۇرنامى ھەققىدە بەھىس ئەتمەيلا، بۇنىڭدىن 5000- يىل بۇرۇن بۈيۈك ئىمپېرىيەنى قۇرغان ئۇلۇغ بوۋىمىز ئوغۇزخان نامى بىلەن باشلانغان بۇ كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى دەۋرىگىچە بولغان تارىخ ھەققىدە ئومۇمى مەلۇمات بېرىشى بىلەن ئەھمىيەتلىكتۇر.

بۇ ئەسەر 3 كىتابتىن تەشكىل تاپقان تارىخى، ئىلمى، سىياسىي، نەزەرىيەۋى 3 توملۇق قامۇستىن ئىبارەت.

مۇئەللىپ 1- كىتابىغا «ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنى» دەپ نام بېرىپ، 2 قىسىمغا بۆلۈپ سۆزلەيدۇ. 1- قىسىمى «ئۇيغۇرلارنى تۇنۇشتۇرۇش» بولسا، 2- قىسىمى «ئۇيغۇرىستاننى تۇنۇشتۇرۇش» تۇر.

بۇنىڭدا مۇئەللىپ باسقۇنچى خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ: «ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار نەسىلداش ئۇرۇق، ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭ بولسا جۇڭگۇنىڭ ئايرىلماس قىسمى» دېگەندەك يالغان ـ ياۋىداق ئۇيدۇرمىلىرىنى قاتتىق رەت قىلىپ، ئەمىلى پاكىتلار بىلەن رەددىيە بېرىدۇ.

كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق شانلىق تارىخىنى يورۇتۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى مەدەنىيەت، ئۇلۇغ كەشپىياتلىرى، باي سىياسىي تارىخى بىلەن ئۇنىڭ مۇستەقىل مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرىستانىڭ ― ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا مىراس ۋەتىنى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار بېرىدۇ.

2 ـ كىتاب: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي تارىخى» دەپ ئاتىلىپ 4 قىسىمغا بۆلۈنگە. ئۇنىڭ 1 ـ قىسىمى «ئەجدادلارنىڭ تارىخ دەۋرىگە كىرىشتىن ئىلگىرىكى ھاياتى بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ تاش قۇراللار دەۋرىدىن تارتىپ، 1 ـ ئۇيغۇر دۆلىتى پەيدا بولغانغا قەدەر ئۆتكەن نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىدۇ. 2 ـ قىسىم «تارىختىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى» بۆلۈمىدە مۇئەللىپ تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر دۆلەتلىرىنى ئۆز رىتى بىلەن تىلغا ئالغان بولۇپ، 1944-1949- يىللىرى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتىگە قەدەر دەۋرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (قىسقا مۇددەت ۋە چەتئەللەردە ھۆكۈم سۆرگەن ئۇيغۇر دۆلەتلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.) 3 ـ قىسىم «ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ يوقىتىلىشى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوللۇققا چۈشۈپ قىلىشى» دېگەن تېما ئاستىدا مۇئەللىپ ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇنقەرز بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوللۇققا چۈشۈپ قېلىش جەريانلىرىنى كۆرسىتىپ، تارىخچىلىرىمىزنىڭ بۇ دەۋرگە ئائىت يېزىلغان ئەسەرلىرىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزى بۇ ھەقتە كۆپرەك توختىلىدۇ.

بولۇپمۇ بۇ پاجىئەلىك قىسمەتلەردە چەتتىن بېسىپ كەلگەن ئىستىلاچىلاردىن باشقا، ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان ۋەتەن خائىنى، مىللىي مۇناپىقلارنىڭ ئوينىغان سەلبى روللىرىنى ئېچىپ تاشلاپ، تارىخىمىزنىڭ قان ـ ياشلىق ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلەيدۇ.

4 ـ قىسىم «مانجۇ ـ خىتايلارنىڭ زۇلمى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئازاتلىق يولىدىكى كۈرەشلىرى» گە بېغىشلانغان. مۇئەللىپ بۇ قىسىمدا مۇستەقىللىقى ۋە ئۆز ئەركىنلىكىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان جاپالىق، قەھرىمانلىق كۈرەشلىرىنى بىرمۇ بىر كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى جېنىدىنمۇ ئارتۇق كۆرىدىغان، قۇللۇققا باش ئەگمەيدىغان، ئەركسۆيەر، جەسۇر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، مىللىي ئازاتلىق كۈرىشىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ تەجرىبە ـ ساۋاقلىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىدۇ.

3 ـ كىتاب «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرى» دەپ ئاتىلىپ، 2 قىسىمدىن تۈزۈلگەن 1 ـ قىسىمى ئۇيغۇر مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتىگە بېغىشىلىنىپ، تارىخچىمىز ئۇيغۇر مىللىي ئازاتلىق كۈرىشى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئىلمى پەرەزلىرىنى ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تەقدىم قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چوقۇم مۇستەقىللىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇرىدۇ.

ئۆز مىللىتىنىڭ  245 - يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ كوممۇنىست خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇم ـ ئىسكەنجىلىرىنى ئوبدان بىلىدىغان ھەم ئۆزىنىڭ قان ـ ياشلىق تۇرمۇش سەرگۈزەستىلىرىدە بۇ پاجىئەلىك قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن سابىت ئۇيغۇرى «ئۇيغۇرنامە» نى يېزىشتىكى سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلايدۇ:

ئۇ «مىللەتنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ تارىخىنى ئويغات!» دېگەن ئاۋغۇستنىڭ مەشھۇر سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، كوممۇنسىت خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق ھەم ئاسسىملاتسىيە ئاساسى قىلغان دۆلەت تېررور سىياسىتى ئاستىدا مىللىتىمىزنىڭ ئۆز تارىخىنى بىلمەيدىغان، نادان، قاششاق، مىللىي ھېس ـ تۇيغۇسى ئاجىز، روھى ئۆلۈكلىكتىن مىللەتنى ئويغىتىپ ئاڭلىق، ئىرادىلىك، كۈرەشچان مىللەتكە ئايلاندۇرۇش.

كوممۇنسىت خىتاي باسقۇنچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ غالچا ئەدىپلىرى تارىخىمىزنى بۇرمىلاپ، مەدىنى مىراسلىرىمىزنى تالان ـ تاراج قىلىپ، ئۆزگەرتىپ، ئويدۇرمىلارنى ياساپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇرىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىدە روسىيە ئىمپېرىيەسىمۇ شۇنداق قىلغان ھەم شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەن ۋاقىتنى ئۆزىگە «ئامەت كەلدى!» دەپ چۈشەنگەن بەزى قوشنا مەملىكەتلەر ئۆز مىللەتلىرىنىڭ تارىخىنىڭ پەقەتلا 5-6- يۈز يىللىق جەريانغا قارىماي، بىزنىڭ مىڭ يىللار بۇرۇنقى مىللىي مەدەنىيەتلىرىمىزگە چاڭ سېلىپ، تارىخىمىزنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ، دۈشمەنلىرىمىزگە ياردەملىشىۋاتىدۇ. شۇڭا سابىت ئۇيغۇرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمى باي مىراسلىرى، بۈيۈك ئەربابلىرى، ئۇلارنىڭ كەشپىياتلىرىغا ئىگە چىقىپ، مۇشۇنداق شارائىتتا ئادالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھەقىقى تارىخ رىئاللىقىغا قارىشىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقى تارىخىنى يارىتىپ ئۇيغۇر خەلقىنى قوراللاندۇرۇش؛

تارىخ ئىلمى مىللەتنى دۇنياغا توغرا تۇنۇتۇپ، غەيرى مىللەتلەرنىڭ بىزنى توغرا چۈشىنىپ ھېسداشلىقى، ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم بىر ۋاستە. كوممۇنسىت خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتمۈش تارىخىمىزنى بورمىلاپ، بۈگۈنكى ھاياتىمىزنى خاتا چۈشەندۈرۈپ، بىزنىڭ مىللىي ئازاتلىق كۈرىشىمىزنى «بۈلگۈنچىلىك، تېررورىزم، دىنى ئەكسىيەتچىلىك» بىلەن ئەيىپلەۋاتىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ئازاتلىق كۈرىشىنى دۇنياغا توغرا يەتكۈزۈش، كوممۇنسىت خىتاي جاھانگىرلىكى روسيە ئىمپېرىيەسى تەسىرىدە قالغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنى ۋە دۇنيا خەلقىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ قانلىق تەجرىبە ـ ساۋاقلىرىنى ئۇلارنىڭ سەمىگە سېلىپ، كوممۇنىست خىتاي جاھانگىرلىكىنىڭ كىڭەيمىچىلىك، تاجاۋۇزچىلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇش؛

مۇئەللىپ «ئۇيغۇرنامە» نى يېزىشنىڭ ئاخىرقى سەۋەبىنى ئۆزىدىن بۇرۇنقى تارىخچىلارنىڭ جاپالىق ئەمگەكلەر ئارقىلىق نادىر تارىخى ئەسەرلەرنى يېزىپ مىللىتىمىز تارىخىدا ئىنتايىن چوڭ روللارنى ئوينىغان بولسىمۇ، «.... بۇ ئەسەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ بەكمۇ قەدىمكى ۋە باي تارىخى تولۇق، ئىزچىل يورۇتۇلمىغان، تارىخى دەۋرلەر ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈلۈشلەر بار، شۇنىڭدەك چەتئەل رىۋايەتلىرىنى «ھەقىقەت» دەپ قوبۇل قىلغان، بەزەن تارىخى ۋەقەلەرگە بىر تەرەپلىمە باھا بېرىلگەن كەمچىلىك، خاتالىقلاردىن خالى ئەمەس.

تارىخىمىزدىكى مۇشۇ كەم ئورۇنلارنى تولدۇرۇش، خاتالىقلارنى تۈزىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ھەم ئىزچىل تارىخىنى  يارىتىش زۇرۇر بولۇپ قالدى....» دەپ يازىدۇ («ئۇيغۇرنامە» 11- بەت)

ھەقىقەتەنمۇ سابىت ئۇيغۇرى ئاتاغلىق تارىخچىلىرىمىزدىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، تۇرغۇن ئالماس ۋە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن قاتارلىق پىشقەدەملىرىمىز ئىزىدىن مېڭىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يېڭى ھەقىقەتلەرنى سىستېمىلىق، دادىل، ئەتراپلىق قويۇشقا تىرىشىدۇ. «... تېخى ئېچىلمىغان ھەقىقەتلەر ناھايىتى كۆپ، مېنىڭ يازغانلىرىم دەريادىن بىر تامچە خالاس!... خاتا كەتكەن يەرلىرىم بولسا كېيىن تارىخچىلار تۈزىتەر. كام قالغان يەرلىرىنى بولسا تولۇقلار... بىر قانچە ئەۋلاد تارىخچىلارنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشلىرى نەتىجىسىدە، ئاندىن «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقى تارىخى دۇنيا كېلىدۇ» دەپ يېزىپ بۇ كىتابنى يېزشنىڭ سەۋەبلىرىنى خۇلاسىلىغان.

ئەپسۇس، 2003- يىلى ياز. ئالمۇتادا سابىت ئابدۇراخمان  بىلەن كۆرۈشكىنىم ئاخىرقى پۇرسەت بولۇپ قالغان ئىكەن. 2005- يىلى 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈركىيە ـ ئىستانبۇلدا بولغىنىمدا دوستۇمنىڭ 7- ئاينىڭ 10- كۈنى يازغان ـ ئاخىرقى يادنامە خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. 7- ئاينىڭ 15- كۈنى ۋاشىنگىتوندىكى «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» سابىت ئابدۇراخماننىڭ قازاغا ئۇچراپ، ۋاپات بولغانلىقى ماتەم خەۋىرىنى ئاڭلاتتى. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى سابىت ئابدۇراخمان ئۈچۈن تەزىيە يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. تەزىيە يىغىنىدا مەن مەرھۇمنىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان خېتىنى جامائىتىمىزگە ئوقۇپ بەردىم.

ئۇ خېتىدە: «ئۇيغۇرنامە» نى نەشىرگە تاپشۇرغانلىقىنى ئېيتىپ كىتابنى چىقىرىشقا جامائىتىمىزدىن ئىقتىسادىي ياردەم سورىغان ئىدى.

بەختكە يارىشا، بۇ كىتاب نەشىردىن چىقتى، لېكىن ئۇنى كۆرۈش  سابىت ئۇيغۇرىغا نىسىپ بولمىدى...

570 بەتلىك بۇ كىتاب كىرىل ئۇيغۇر يېزىقىدا مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ تەھرىرلىكى، ئالىمجان باۋدىنوۋنىڭ كوررېكتورلىقى، ئابدۇلئەھەت ئۇشۇروۋنىڭ لايىھەلىشى ۋە كەنجى ئوغلى ئوغلان سابىتنىڭ كومپىيۇتىرغا ئېلىشى بىلەن 2005- يىلىنىڭ ئاخىرى ئالمۇتادىكى «ناش مىر» (بىزنىڭ دۇنيا) نەشرىياتى تەرىپىدىن 700 نوسخا نەشىر قىلىندى.

كىتابنىڭ باش بېتىنىڭ ئاخىرىدا: «سابىت ئابدۇراخماننىڭ «ئۇيغۇرنامە» كىتابى بېسش ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش ھۇقۇقىغا مەرھۇمنىڭ پەرزەنتلىرى ئىلىياس ۋە ئوغلان ئابدۇراخمانلار ئىگە» دەپ يېزىلغان بولسا، كىتابنىڭ ئاخىرقى بېتىدە: «ئۇيغۇرنامە» كىتابىنىڭ نەشىر قىلىنىشقا ئالمۇتا شەھىرى دوستلۇق مەھەللىسنىڭ يىگىت بېشى مەرھۇم رەھىمجان ئوغلى ئالىمجان زاكىروۋنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي ياردەم كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن سابىت ئابدۇراخمان ئائىلىسى تەشەككۈر ئىزھار قىلىدۇ» دەپ يېزىلغان.

كىتاب ئەمدى كونا ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا نەشىر قىلىنىشنى تەقەززارلىق بىلەن كۆتىۋاتىدۇ...

ئەھمەد ئىگەمبەردى.

گىرانۋىل ـ سېيدنىي  ئاۋىستىرالىيە

2006 - يىلى 8 - ئىيۇل

 

باش بەت

aturan2003@yahoo.com

بارلىق نەشر ھوقۇقى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىغا ئائىت

 All Rights Reserved Taklamakan Uyghur Publishing 2007 --- 2009 http://www.uyghurweb.net