|
نەشرىياتتىن
قولىڭىزدىكى
«خۇنرىزلىك - قانخورلۇق» ناملىق بۇ ئەسەر مەرھۇم ئالىم ئاسىم باقىنىڭ
ھاياتىنىڭ ئاخىرلىرىدا يېزىپ قالدۇرغان تارىخىي ئەسلىمىسى بولۇپ، بۇ ئەسەر
ئالمۇتادا نەشىر قىلىنىدىغان «يېڭى ھايات» گېزىتىنىڭ 1992 ـ يىلى 3 - 5 -
7 - 10 ـ نۇيابىر سانلىرىدا (ئومۇمىي 3630 ـ 3631 ـ 3632 ـ 3633 - سانلىرى)
«پىنھان تۇتۇلغان قاتىللىق» دېگەن تېمىدا (ئازراق قىسقارتىلىپ) ئېلان
قىلىنغان. بىز بۇقېتىم شەرقىي تۈكىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60
يىللىقى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىنقىلابىي رەھبەرلەرنىڭ قۇربان
بولغانلىقىنىڭ 55 يىللىق خاتىرە كۇنى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ تارىخى ئەسەرنى
قايتا ئەينەن نەشىر قىلدۇق.
ئەسەردە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىنقىلابىي رەھبەرلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە
مۇناسىۋەتلىك بۈگۈنگىچە سىر بولۇپ كەلگەن ۋەقەلەر جانلىق، دەلىل ـ پاكىتلىق
بايان قىلىنىپ، مەرھۇم رەھبەرلەرگە قىسقىچە باھا بېرىلگەن بولۇپ، مەلۇم
پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
ئەسەر مەرھۇم مۇئەللىپنىڭ ئۆز قوليازمىسىدىن ئەينەن كۆچۈرۈپ ئېلىندى ۋە
مۇئەللىپنىڭ تىل ئۇسلۇبىمۇ ئەينەن ساقلاپ قېلىندى.
خۇنرىزلىك
بۇ ناھايىتى پىنھان تۇتۇلغان قانخورلۇق يېقىن ئۆتمۈشتە، ـ بىز تېخى
بەكمۇ ئۇزاقلىشىپ كەتمىگەن، ئەسىرىمىزنىڭ 1949 ـ يىلى باش كۈز ئېيىدا
سادىر بولدى.
ئۇيغۇرىستان خەلقلىرىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى، مىللى ئازاتلىق ئىنقىلابنىڭ
رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق باش قوماندان گېنېرال لېتنات ئىسھاقبەگ
مونۇنۇپ، باش قوماندان ئورۇنباسارى گېنېرال مايۇر دەلىلقان سۇغۇربايۇپ،
ھۆكۈمەت ئەزاسى ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ، ئىش باشقۇرغۇچىلار غېنى كېرىمۇپ،
ئابدۇرشىت ئىمىنۇپ، مەدەنىيەت ئۇيۇشما خادىمى لوجىژ ھەمدە ئەخمەتجان
قاسىمىنىڭ مەخسۇس مۇھاپىزەتچىسى ئوسمانجان ناسىرلار سىتالىن ۋە ئۇنىڭ
گۇماشتىلىرى تەرىپىدىن ماۋزېدوڭ بىلەن كېلىشىلگەن ھالدا ئۇستىلىق بىلەن
ئۇيۇشتۇرۇلغان تېررورلۇقنىڭ قوربانى بولۇشتى.
40 يىلدىن ئاشتىكى، بۇ قاتىللىق پاجىئەنىڭ سىرى ئېچىلمىدى. نادامەتلەر
بولسۇنكى شۇ دەۋىر ۋەزىيىتىنىڭ قاباھىتى ۋە ھاكىمىيىتىنىڭ بىيوگراتىك
دېكتاتۇرىسى ــ ئىجتىمائى ئاڭنىڭ تەقىپ قىلىنىشى ۋە ئىككى قارا كۈچ ــ
سوۋېت، خىتاي غايىۋى بىرلىكى مانا شۇ ئادالەتسىزلىكنىڭ نىقابىنى يىرتىپ
تاشلاشقا ئىمكان بەرمىدى.
خرىستىئان ئىلاھىياتچىسى ئاۋگوستنىڭ « غەپلەتتە ياتقان خەلقنى ئويغىتىش
ئۈچۈن ئۇنىڭ تارىخىنى ئويغات! » دېگىنى مىڭ كەررە ھەقىقەت ئىدى. ناھايىتى
ئېغىر تەقىپتە، غەپلەتتە قالغانلىقىمىزدىن ھەسرەت، نادامەتلىرىمىز، جەبرى
ـ ئەلەملىرىمىز قەلبىمىزدىن تاشقىرىغا چىقماي بۇرۇختۇم بولۇپ قالغان ئىدۇق.
ئاشكارىلىقنىڭ شاراپىتى بىلەن، ئۇيغۇرلار ئېلىنىڭ ئاددى پۇقراسى، شۇ
تۇپراقنىڭ بىر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يۈرەكتىكى دەرتلەرنى تۆكۈش،
ئىچكى تۇيغۇلارنى ئوچۇق ـ ئاشكارا بايان قىلىشنى مانا 42 يىلنى ئۆتكۈزۈپ
جەزىم ئەتتىم.
*
* * * *
قانخورلۇقنىڭ باشلىنىشىنى ۋەقەگە بىۋاستە ئىشتىراك ئەتكەن ئېتىبارلىق
شەخستىن ئاڭلايمىز.
سوۋېت رازۋېتچىكى غۇلجا شەھىرىدىكى چوڭ شىپاخانىنىڭ يېتەكچى ۋېراجى (1945 ـ
1948 ) ھەممىگە تونۇلغان ھاكىم جاپپار 1976 ـ يىلى كۈزدە تاشكەنتىكە تەشرىپ
قىلغاندا ماڭا تۆۋەندىكىلەرنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى:
ــ موللا ئاسىم ساڭا بىر مەخپىيەتلىكنى ئېيتىشنى قارار قىلدىم. بىلىسەنكى،
يېشىم ئانچىگە بېرىپ قالدى. ساقلىقىممۇ جايىدا ئەمەس. تەسادىفلار بىلەنمۇ،
ياكى بەندىلىك قىلىپمۇ بۇ مەخپىيەتلىك مەن بىلەن كىتىپ قالمىسۇن، ئۇچاغدا
روھىم تىنىچ بولمايدۇ. شۇ مۇددىئادا بار ھەقىقەتنى ئېيتىپ ئىچىمنى
بوشىتىۋالاي، شۇنچىلىك ئىچىمدىن كۆيۈپ كۈل بولغىنىم يېتەر....
1949 ـ يىلى 24 ـ ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەندە ئۆيۈمگە (فىرونزى شەھەرى ئا. ب
)پولكوۋنىك دەرىجىلىك بىر ئۇرۇس (ھەربى ۋە پۇقراچە كىيىنگەن) كىرىپ كەلدى.
سالاملاشقاندىن كېيىن، تەكەللۈپ بىلەن: «سىزنى ئالماتوغا چاقىرۋاتىدۇ،
ماشىنا تەييار» دېدى. ئۇرۇس مىللىتىگە مەنسۇپ پولكوۋنىكنىڭ تۇرقى تومباتى
بەكمۇ جىددى، پۇقرا كىيىمىدىكى شەخسنىڭ قىياپىتىدىن رازۋېت خادىمى
ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. بىز ھەربىيلەرنىڭ كېچىك ۋېللىس ماشىنىسىدا
ئالمۇتا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. بەش سائەتكە سوزۇلغان سەپىرىمىز
جەريانىدا تۇرمۇشتىكى ئاددى ۋەقەلەر ماۋزۇسىدا قىسقا سۆھبەتلەر بولغىنىنى
ئىستىسنا قىلساق مېنى كىم؟ نېمە زۆرۈرىيەت بىلەن چاقىرغانلىقى ھەققىدە
بىرەر ئىشارەت بولغىنى يوق. بەرىبىر ئېنكىۋېدې(دۆلەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى
ئا. ب) چاقىرغانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. راستىنلا شۇنداق بولدى. ماڭا ياخشى
تونۇش ئېنكىۋېدې مەھكىمىسىنىڭ ھويلىسىغا كىرگىنىمدە، غېنى كېرىمۇپقا كۆزۈم
چۈشتى. ئۇ ياش بىر يىگىتكە نېمىلەرنىدۇ تاپىلىۋاتقاندەك كۆرۈندى. ماشىنىدىن
چۈشۈپلا غېنى كېرىمۇپتىن: «ئەپەندىم كەلدىمۇ؟» دەپ سورىدىم. ئۇ، «ھە!
ئەپەندىم شۇ يەردە» دەپ قىسقىچىلا جاۋاب بەردى ۋە مەن بىلەن سەمىمى
كۆرۈشتى. خوشھاللىق تۇيغۇغا چۆمۈلدۈم. ئىچكىرىگە، ھەشەمەتلىك ئىمارەتنىڭ
ئىككىنچى قەۋىتىگە كۆتۈرۈلىدىكەنمەن. رەھبەر خانىسىدا ئەخمەتجان قاسىمى،
ئىسھاقبەگ ۋە دەلىلقانلارغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇلار ئۇزۇن ئۈستەلنىڭ ئوڭ
قانىتىدا جاي ئېلىشىپتۇ. سول قانىتىدا ئىككى ناتونۇش پۇقرا كىيىمدىكى
كىشىلەر ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا بىر خىتاي كىشى (ئۇنى
ھېچ كۆرمىگەنمەن)، ئىشىكتىن كىرگەن ئوڭ تەرەپتە ئابدۇرشىت ئىمىنوپ ئورۇن
ئاپتۇ. مەن سەمىمى سالام بىلەن ئۇلارنىڭ ھال ـ ئەھۋالىنى سوراۋاتقىنىمدا
غېنى كېرىمۇپ كىچىك بىر پاپكىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى ـ دە، ئەخمەتجان
قاسىمىنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئىگەللىدى. مەن غۇلجىدىكى تونۇش ـ بىلىشلەر،
بولۇپمۇ ماڭا كۆپ راپاۋەتلەر كۆرسەتكەن غېنى باتۇرنىڭ سالامەتلىكىنى (ئۇ
1945 ـ يىلى ئارشاڭدا يارىدار بولغان ئىدى) سوراۋاتقىنىمدا، يۇقىرىدا
ئولتۇرغان ئۇرۇس مىللىتىگە مەنسۇپ باشلىق سۆزۈمنىڭ بېلىگە تەپتى:
ـ يولداش ھاكىم جاپپارېۋېچ، خىتاپ قىلدى ماڭا تىكىلىپ جىددى قىياپەتتە، ــ
غۇلجىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنى سىز ياخشى تونۇيسىز. بىز بىر قانچە مەسىلە
بۇيىچە سۆھبەتلەشمەكچىمىز. سىز خالىسانە خىزمەت ــ تەرجىمانلىق قىلىپ
بەرسىڭىز خۇرسەن بولار ئىدۇق.
ــ بىجانىدىل ـ دەپ جاۋاب بەردىم مەن.
مەن موسكۋادىن كېچىلا ئۇچۇپ كەلدىم. ئىسىم... فامىلەم... (ئىسىمدىن
چېقىپتۇ) يېڭى خىتاي رەھبەرلىكى بىلەن كېلىشىمگە ئاساسەن بۇ ۋەكىللەر
پېكىنگە (بېيجىڭغا) بېرىپ 1 ـ نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە
قاتنىشىشى كېرەك. بۇ كېڭەش كۈن تەرتىۋىگە قويىلىدىغان مەسىلىلەر ۋە شۇ
مەسىلىلەرگە بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز قانداق بولىشى ھەققىدە بىر پىكىرگە
كېلىشىۋېلىشىمىز كېرەك. مەن ئۇلۇق داھىمىز يولداش سىتالىننىڭ
كۆرسەتمىلىرىنى بىجىرىش ۋاكالىتىگە ئىگىمەن. شۇ نەرسە بىزگە مەلۇمكى،
سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە
خىتاي ھۇدۇدىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ئاساسىي مەسىلە بولىدۇ. ۋەكىللىرىمىز بۇ
ھەقتىكى قاراشلىرىنى، مۇناسىۋەتلىرىنى بايان قىلىشى ۋە نىھايەت موسكۋانىڭ
پوزۇتسىيىسىنى ئاساسىي دەستۇر قىلىشىمىز شەرت ۋە لازىم.
مەن بۇ سۆزلەرنى بىرمۇ بىر تەرجىمە قىلىپ بەردىم. ئەخمەتجان قاسىمى ۋە غېنى
كېرىمۇپلار تەرجىمىگە ئېھتىياج سەزمىگەن ھالدا دىققەت ئېتىبارى بىلەن بىر
نەرسىلەرنى خاتىرلەپ ئولتۇراتتى. ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ مېنىڭ تەرجىمەمنى
خىتاي كىشىگە خىتاي تىلىدا يەتكۈزەتتى.
قېنى، يولداش ئەخمەتجان قاسىموۋ، ـ
سۆزىنى داۋاملاشتۇردى موسكۋادىن كەلگەن ۋاكالەتلىك رەھبەر، ئېيتىڭچۇ،
سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدە «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس ئۆلكىسى» دېگەن
تىزىس ئوتتۇرىغا قويۇلسا، قانداق ئىپادە بىلدۈرىسىز؟
ئەخمەتجان قاسىمى ھۆر، مۇستەقىل، مۇزەپپەر ئۇيغۇرىستان دەۋاگىرى سۈپىتىدە
ئىچكى تۇيغۇلىرىنى ئېنىق، ئۇچۇق ئىزھار قىلدى:
ئۇيغۇرىستانغا مۇستەقىل، ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىلىشى، بۇ ھوقۇقنى
سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئېتىراپ قىلىشى شەرت.
رەھبەرگە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سۆزلىرىنىڭ مۇتلەقا ماقۇل چۈشمىگەنلىكىنى
ئۇنىڭ قىياپىتىدىن، قولىدىكى قەلەمنى ئۈستەلگە ئۇرۇپ تۇرىشىدىن بىلگىلى
بولاتتى. ئۇ ئۆزىنى مەغرۇر تۇتقان ھالدا سۆز باشلىدى:
ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىدا گېتلىر پاشىزمىنى يەنجىپ تاشلىدۇق. ئەينى ۋاقىتتا
خىتايغا قارشى ئۇرۇش قىلغان ۋە بىزگە جىددى خەۋىپ تۇغدۇرغان ياپۇن
مىللىتارىزمىنى تەسلىم قىلدۇردۇق.
يېڭى خىتاينىڭ ئازاتلىقى ۋە بىر پۈتۈنلۈكى ھازىرقى دەۋىرنىڭ ئەڭ زۆرۈر
تەلىۋىدۇر. خىتاي خەلق جۇمھۇريىتى ئېلان قىلىنىشى، دۆلەت بايرىقى ۋە
گېرىبىنىڭ نامايىش ئىتىلىشى چوڭ تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. تارىختا
«شىنجاڭ غەربىي ئۆلكە، خىتاينىڭ غەربىي ئۆلكىسى» دەپ قەيىت قىلىنغانلىقىنى
ئىنكار قىلىپ بولمايدۇ. بىز: «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس ئۆلكىسى» دەپ
ھېساپلايمىز. بۇ ئۆلكىدە گومىنداڭ ئىستىبداتى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، مەھەللى
خەلقلەرنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېزىپ، خورلاپ كەلگەنلىكىدىن
ئىنقىلاب پارتلىدى. بۇ مىللى ئازاتلىق ئىنقىلابقا ئاساسىلىق ياردەمنى بىز
كۆرسەتتۇق. بىز قورال ـ ياراق بەرمىسەك، ھەربىي يۆنىلىشلەرگە رەھبەرلىك
قىلمىساق، ھەربىي قىسىملارنى، سىياسىي رەھبەرلەرنى ياردەمگە كىرگۈزمىسەك بۇ
ئىنقىلاپ غەلىبە قىلالمايتتى. شىنجاڭدا ئۈچ ۋىلايەت ئازات بولدى. 11
ماددىلىق بىتىم ئىمزالاندى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە بىزنىڭ ياردىمىمىز،
مەدىتىمىز ئاساسىي ئورۇن تۇتىدۇ. قىسقىسى، ئۇيغۇرلار نېمىنى تەلەپ قىلىشقان
بولسا، بىز شۇ تەلەپلەرنى تۇلۇق قاندۇردۇق. كۆپ قان تۆكۈلدى. شۇنداق ئىكەن،
«شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس ئۆلكىسى» دېگەن مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلسا،
ئېتىراز بىلدۈرۈش ھېچ قانداق پايدا بەرمەيدۇ. يېڭى خىتاي شىنجاڭ
خەلقلىرىنىڭ بەختىيار كېلىچىكى ئۈچۈن رەھنامە بولغۇسىدۇر.
مەن بۇ سۆزلەرنى جۈملىمۇ جۈملە، ئەينەن تەرجىمە قىلىپ بەردىم.
موسكۋا رەھبىرىنىڭ سۆزىگە قوشۇمچە قىلدى پۇقراچە كېيىنگەن قازاق رەھبەر:
ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى تەمىن ئەتكەن سوۋېت خەلقى تىنچ ئىجادى
ھاياتقا، دۆلەتنى قايتىدىن تىكلەشكە ئۆتتى. خىتاي ئازاتلىق ئۇرۇشىمۇ ئۇزاق
داۋام قىلىپ، ئاخىرى غالىبىيەت بىلەن ئاياقلاشتى. گومىنداڭ ۋە گوڭسەنداڭ
تەرەپتىن مىليونلىغان كىشىلەر قۇربان بولدى. ئەمدىلىكتە خىتاي خەلق
دېموكراتىك ھاكىمىيىتىنى تىكلەش، ئەركىن نەپەس ئېلىش دەۋرى باشلاندى.
خىتاي خەلق دېموكراتىك ھۈكۈمىتى «شىنجاڭ» خەلقىنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنى
قاندۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك. بۇ دېمەك، «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس
غەربىي ئۆلكىسى» دېگەن تۇيغۇنى ئاڭغا سىڭدۈرۈپ، دوستلۇق، قېرىنداشلىقنى
كۈچەيتىش زۆرۈر. خىتاي ئۇلۇغ مىللەت، ئەينى ۋاقىتتا ئاكا مىللەتتۇر.
قازاق رەھبىرىنىڭ سۆزى ئاياقلىشىشى بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى ئۆزىنى
ئۇيغۇرىستان خەلقلىرىنىڭ پاك نىيەتلىك پەرزەندىسى سۈپىتىدە تونۇپ،
ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق تارىخى، مەدەنىيىتى، تىل ـ يېزىقى ۋە ئەدەبىيات ـ
سەنئىتى ئىككى ئەسىردىن بۇيان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، تەقىپ ئېتىلگەنلىكى،
مەھەللى خەلقنىڭ ئېتىقادى بوغۇپ تاشلانغانلىقى ھەققىدە پاكىتلار بىلەن
سۆزلەپ كەتتى. ئەخمەتجان قاسىمى تەرىپ ئەتكەن مۆدھىش ۋەقەلەرنىڭ قەلىبلەرنى
ئۆرتىگەنلىكى، دۆلەت بايلىقىنىڭ تالان ـ تاراج قىلىنغانلىقى، گۇناھسىز
دىللارغا تىغ سانجىلغانلىقى، بىرەھىم، بىشەپقەت، شەيتان لەئىن قىياپىتىدىكى
باسقۇنچىلار ئۇيغۇرىستاننى «شىنجاڭ» (يېڭى تېپىلغان يەر، يېڭى ئۆلكە) دەپ
ئاتىغانلىقى ۋە ئاقىۋەت مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرغانلىقى
ھەققىدە قايناپ ـ تېشىپ سۆزلەپ كەتتى. ئەخەمەتجان قاسىمىنىڭ ئىزتىراپقا
تولغان قەلبىدە ئۆتكەنكى شەخسىلەرگە نېسىپ بولمىغان ئېتىقاد، ۋەتەن
ئازاتلىقى ئۈچۈن مەردانە كۈرەش قىلىش غايە يۈكسەكلىكى مۇستەھكەم ئىدى. بۇ
يۈكسەكلىككە زاماننى توغرا باھالاش كەلگۈسىگە ئۈمىدۋارلىق قاراش ئۈچۈن
جۈرئەت ـ جاسارەت قوشۇلۇپ بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلغان ئىدى.
مۇستەبىتلىكنىڭ ئىجتىمائىيلاشقانلىقى، دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى ئەخمەتجان
قاسىمى ــ ئىنسان پىكىر ـ زىكرىنى نىدا تۇيغۇلىرىنى بوغۇشتىن، ئېتىقادنى
تەقىپ ئاستىغا ئېلىشتىن، تىلنى ئىستېمالدىن چېقىرىشتىن، ئەركىنى بوغۇپ
تاشلاشتىن ئىبارەت ئەشەددى قانخورلۇقتا كۆرۈلدى. ئۇيغۇرىستان خەلقلىرىنىڭ
ئەسىرى، سىياسىي رىقابىتى ھەربىي توقۇنۇشنى تەقەززا ئەتتى. ئۈچ ۋىلايەت
ئىنقىلابىي ئەنە شۇنداق ۋەزىيەتتە پارتلىدى. لېكىن ئىنقىلابنىڭ تىزگىنىنى
خەلقنىڭ قولىدىن باشقىلار تارتىپ ئالدى.
ــ سىز «شىنجاڭ» ئاتالمىسىنى ئىستېمالغا كىرگۈزگەن ئىدىڭىزغۇ؟ ـ كەسكىن
سۇئال بىلەن ئەخمەتجان ئەپەندى سۆزىنى بۆلۈپ تاشلىدى. موسكۋا رەھبىرى
«شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىلىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى » نى سىز قۇرغان
ئىدىڭىزغۇ؟
ــ ھە! مەن غۇلجىدىكى سوۋېت پاسونېستىرا باشلىقى دوباشىننىڭ قەتئىي تەلىۋى
ۋە بۇيرىقى بىلەن شۇنداق نام قوللىنىشقا مەجبۇر بولغانمەن. ئەگەر بۇيرۇقنى
بىجا كەلتۈرمىسەم ھاياتىم خەۋىپ ئاستىدا قالاتتى. بۇنى مەن چۈشىنىپ
يەتكەنمەن. « شىنجاڭ» بولسا بولسۇن، لېكىن ۋەتەننىڭ ئازاتلىق يولىدىكى
غايىۋى نىيەتلىرىم بەربات بولمىسۇن، دېگەن مەخسەتتە « ئىتتىپاق» نى تەشكىل
قىلدىم. شەكىلدە ئەمەس، ئاساسىي مەزمۇندا چوڭ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا
كىرىشتىم.
شۇ دەقىقىدە گېنېرال لېتنات ئىسھاقبەگ مونۇنۇپ قايناپ ئورنىدىن تۇرۇپ
كەتتى:
ئۇيغۇرىستاننىڭ ھەر بىر پۇقراسى غايە، پىكىر ۋە قاراشلىرى ئۆز ئارا
مۇشتەرەك بولغان. ئەنە شۇ «ئىتتىپاق» قا ئۇيۇشقان سولداتلاردۇر. كەلگۈسىدە
ئىتتىپاق خەلق ئازاتلىق پارتىيىسىگە ئايلانغۇسىدۇر. شۇ چاغدا مىللىتارىست
قوماندان زوزوڭتاڭ تەرەننۇم ئەتكەن «شىنجاڭ » ئۆز ـ ئۆزىدىن، تارىختىن
ئۆچىدۇ.
بەس! ـ دېدى موسكۋا رەھبىرىنىڭ جەھلى چىقىپ، سەپسەتىۋازلىقنى
يىغىشتۇرۇڭلار! شىنجاڭدا مىللىي ئىنقىلابنى بىز باشلاپ بەرگەنمىز. ئۇنىڭ
نەتىجىسىنىمۇ بىز چىقىرىمىز. بىزنىڭ پىكىرىمىزگە قارشى چىقىش يوقىلىش
دېمەكتۇر. سىز ئەخمەتجان قاسىماۋ سوۋېت ئىتتىپاقى تەربىيىسىنى كۆرگەن،
موسكۋادا مەخسۇس كورسىنى تاماملىغان، ئۇلۇغۋار مەقسەتلەرگە خىزمەت قىلىشنى
شەرەپ دەپ ئانت ئىچكەنلىكىڭىزنى ئەستىن چىقىرىۋاتىسىز. ھازىرقى ۋەزىيەت سىز
ئۈچۈن ھەقىقى ئىمتىھان سىناقتۇر.
ــ ئىنسان قېتىپ قالىدىغان، بىر مۇقامدا ئىش كۆرىدىغان ماشىنا ئەمەس،
قەتئىي دادىل جاۋاب بەردى ئەخمەتجان قاسىمى ـ سوۋېت تەربىيىسىنى كۆرگىنىم
راست. سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى جەزم
ئەتكىنىممۇ راست. بۇنى ھاياتىم تارىخىدىن ئۆچۈرەلمەيمەن. ۋاقىتلاردا خاراپ
بولغان مەملىكەت ئۇيغۇرىستاننىڭ ئاۋازى ئىچىگە چۆككەن ئىدى. پۈتۈن ئەتراپنى
قورقۇتۇش، ئىزتىراپ، تەشۋىش، ئۈمىدسىزلىك چولغاپ ئالغان ئىدى.
ئەمەلدارلاردىن قورقۇش، جاسۇس جاللاتلاردىن قورقۇش، ھاكىمىيەت ۋە تۈزۈمدىن
قورقۇش، چەتئەل ئادەملىرىدىن قورقۇش دەھشەت سالاتتى. ئۇيغۇرىستان
خەلقلىرىنىڭ كۆزلىرىدىكى نۇر، قەددىدىكى قۇدرەت، تىلىدىكى ئەركىنلىك،
دىلىدىكى جۈرئەت، ئېتىقادىدىكى ئىشەنچ سۇنغان ئىدى. مەملىكەت خەلقى
ئاللاھتىن باشقا ھېچ نەرسىگە ئىشەنمەس ئىدى. مەن ئۇيغۇرىستانغا قەدەم
قويغىنىمدا تارىختا ھېچ كۆرۈلمىگەن پاجىئەلەرگە گۇۋاھ بولدۇم. گوروھ ـ
گوروھ قاماش، قاتىللىق، سۈرگۈن ئەۋىج ئالغان ئىدى. قەلبىم ئۆرتەندى، غەزەپ
ـ نەپرىتىم قايناپ تاشتى. خەلققە پەقەت ئازاتلىق، مۇستەقىللىق كېرەك
ئىدىكى، بۇ ئۈچۈن جاننى ئالىقانغا ئېلىپ مەردانە كۈرەش قىلىشتىن باشقا ھېچ
بىر يول يوق ئىدى. شۇنداق كۈرەش ــ مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلاب نىلقا
رايۇنىدىن پارتلىدى. گومىنداڭچىلار كۆپ قوراللىق كۈچكە ئىگە بولسىمۇ
خەلقنىڭ غەزىۋىگە قارشى تۇرالمىدى. مانا شۇ ئىنقىلاب مېنى تەربىيلىدى،
ئۆزگەرتىپ تاشلىدى. 1947 ـ يىلى ئۇيغۇرىستاننىڭ قىشلاق، ۋىلايەت،
شەھەرلىرىنى ئارىلاپ چىقتىم. خەلقنىڭ قەلبىگە قۇلاق سالدىم. ئەسرى زۇلۇمنىڭ
پاجىئەلىرى مېنىڭ ئېتىقادىمنىمۇ، چۈشەنچەمنىمۇ تۈپتىن ئۆزگەرتىپ تاشلىدى،
ھاياتقا پۈتۈنلەي باشقىچىلا قاراشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۆتمۈشتىكى
قاراشلىرىمنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇيغۇرىستاننىڭ پەرزەنتى بولۇشتەك
ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە قىلدى. ئەمدىلىكتە بۇ غايىدىن قايتىش خائىنلىقتۇر.
ئۇلۇغ گىروزىن شائىرى تاراس شىۋچىنكو «كىمنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىغا مۇھەببىتى
بولمىسا، ئۇنىڭ قەلبى مېيىپ، مېيىپتىنمۇ قاششاقتۇر» دېگىنىنى ئەسلەش جائىز
دۇر.
بەس! خىتاپ قىلدى موسكۋا رەھبىرى. ــ ئىسھاقبەگ ئىككىڭلار بىلەن ئالاھىدە
سۆزلىشىمىز. قېنى، سىز گېنېرال مايۇر يولداش دەلىلقان ئېيتىڭچۇ، «شىنجاڭ
خىتاينىڭ ئايرىلماس ئۆلكىسى» دېگەن مەسىلە قويۇلسا، قانداق پىكىردە
بولىسىز؟
مەن ئەخمەتجان قاسىمىنى قوللايمەن. بىزنىڭ غايىۋى نىيەتلىرىمىز بىر ۋە
ئۆزگەرمەستۇر.
ھىم ــ كۆزلىرى چاقناپ كەتكەندەك بولدى موسكۋا رەھبىرىنىڭ، ھەممىڭلا بىر
قازاندا قاينىغان ئىكەنسىزلەر، دە ـ قېنى كۆرىمىز.
يولداش ئابباسۇپ سىز نېمە دەيسىز؟
ـ يېڭى خىتاي خەلق جۇمھۇريىتى بىر پۈتۈن دۆلەتنى دېموكراتىك ئاساستا قايتا
قۇرىدىكەن، شىنجاڭ خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان ھالدا مۇختارىيات تەمىن
ئېتىلسە ئەينى مۇددىئا بولاتتى.
ئابباسۇپنىڭ جاۋابىدىن موسكۋا رەھبىرىنىڭ يۈزىگە تەبەسسۈم يۈگۈردى.
سىز يولداش لوجىژ پىكىرىڭىزنى بايان قىلسىڭىز؟
مەن يولداش ئابباسۇپنى قۇۋۋەتلەيمەن. شىنجاڭدىكى خىتاي كوممۇنىستلار
پارتىيىسى تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىمۇ شۇ.
ماقۇل پىكىر دىدى، موسكۋا رەھبىرى ۋە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يېنىدا نېمىنىدۇ
بىر نەرسىلەرنى پاپكىدىن ئېلىۋاتقان غېنى كېرىمۇپقا كۆزى چۈشۈپ،
تەكەببۇرانە:
سىزنىڭ پىكىرىڭىزنىمۇ بىلەيلىچۇ؟ دېدى.
بۇ نەجىپ پەزىلەتلىك كەمسوقۇم يىگىتنىڭ نامىنى موسكۋا رەھبىرى تىلغا
ئالماستىن كۆزىگە تىكىلىپ تۇرىۋالدى. ئۇقۇمۇشلۇق غېنى كېرىمۇپ سالماقلىق
بىلەن دانە ـ دانە سۆزلەپ جاۋاب بەردى:
ــ ئۇيغۇرىستان بەشەرىيەت ئەقىل چەشمىسى كۆز ئاچقان، بۈيۈك ئەللامىلار،
مۇتەپەككۇرلار، شائىر ـ يازغۇچىلار، دانىشلەر، باخشىلار، سەنئەتكارلار شان
ـ شۆھرەت تاپقان ئەۋلىيالار مەملىكىتىدۇر. دۇنيا مەدەنىيىتى تارىخىدا ئۇنىڭ
ئورنى ئالاھىدە دۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىشى، ئۆزىگە
ئۆزى ھاكىم بولىشى كېرەك. چەتكە بېقىنىپ ياشاش ئەمدى مۈمكىن ئەمەس،
ئىجتىمائىي ئاڭ ئويغاندى. ئازات بولىشى كېرەك. مەن ھۆرمەتلىك ئەخمەتجان
قاسىمىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن.
موسكۋا رەھبىرى «بۇ شۇمتەكنى ئەخمەتجان قاسىمى بىھۇدە ئەگەشتۈرۈپ يۈرمىگەن
ئىكەن، دە» دېگەن خىيالغا كېلىپ قالدى. ۋەقەنىڭ ئەھۋالىدىن بىر خۇلاسىگە
كەلگەن رەھبەر ئابدۇرشىت ئىمىنۇپتىن پىكىر سوراشنى مۇددىئا ئەتمىدى.
ئابدۇكېرىم ئابباسۇپنىڭ جاۋابىدىن كېيىن، ئەخمەتجان قاسىمىنى (شۇ قاتاردا
ئىسھاقبەگ ۋە دەلىلقاننىمۇ )ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ راۋاجىدىن ئارقىدا قالغان،
ئۇزاق كەلگۈسىگە قاراپ توغرا خۇلاسە چىقىرالمايدىغان كالتە پەم شەخسىلەر
سۈپىتىدە ئەيىبلەشكە، ھەتتا ھاقارەتلەشكە ئۆتتى:
ــ ئاش بەرگەن قازانغا تۈكۈرمەسلىك كېرەك. سوۋېت ئىتتىپاقى جاھاندا بىرىنچى
سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك دۆلەت. پۈتكۈل دۇنيا پورولتارياتلىرىنىڭ داھىلىرى
لېنىن، سىتالىن، جاھان خەلقلىرىنىڭ ئۇلۇغ يول باشلىغۇچىلىرىدۇر. ئۇلۇغ
داھىمىز سىتالىن دەۋرىمىزنىڭ لېنىنىدۇر. سونماس قۇياشىمىزدۇر. بىز بۇ
قۇياشىمىزنىڭ پارلاق نۇرىدىن بەھرە ئېلىپ پارلاق كەلگۈسىگە قەدەم تاشلىدۇق.
خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ سىتالىن قۇياشىدىن بەھرىمەندۇر. ئۇنىڭ مېھرى ـ
مۇھەببىتىگە، رەھنەمالىكىگە مۇھتاجدۇر. سىلەر كىم سىلەر؟ بىتايىن ئەخمەتجان
قاسىمىنىڭ قۇرۇق سەپسەتىلىرىگە ئۇسۇل ئوينىغانلار سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇلۇغ
داھىمىز سىتالىننىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر. بۇ گۇناھنى بىز ھېچ قاچان
كۆچۈرەلمەيمىز. «شىنجاڭ» خەلقى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرى يېڭى خىتاي ھۆكۈمىتىنى
تەن ئېلىپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە بەختىيار ياشىمىقى، ئۆز بەختىنى تاپمىقى
كېرەك. بۈيۈك خىتايسىز بەختىيار كېلىچەك بولمايدۇ. سوۋېت خىتاي دوستلىقى
مانا شۇ مەقسەتلەردە تىكلەنگەن.
موسكۋا رەھبىرىنىڭ سۆزى تۈگە تۈگىمەيلا ئەخمەتجان قاسىمى سۆزلەپ كەتتى:
ئۇيغۇرىستاننىڭ جاھان مەدەنىيىتى تارىخىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش،
مۇستەقىل تەرەققى قىلىشنى تەمىنلەش، شانۇ شۆھرىتىنى تىكلەش ئەينى ۋاقىتتا
سوتسىيالىزم قۇرۇش بىزنىڭ ئەينى مۇددىئايىمىزدۇر. بۈيۈك خىتايسىز بەختىيار
كېلىچەك بولمايدۇ ياكى ئۇيغۇرىستان خىتايسىز نەپەس ئالالمايدۇ، دېيىش
لېنىنىزمگە زىت قاراشتۇر. لېنىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش شۇئارىنى
ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىغۇ؟
موسكۋا رەھبىرىنىڭ جەھلى چىقىپ ئۈستەلنى ئۇرۇشقا باشلىدى.
بۈيۈك داھىمىز ۋ. ئى لېنىن «شەرقتە بۈيۈك خىتاي بىلەن دوست بولماي تۇرۇپ
چاھان سوتسىيالىزمىنى قۇرغىلى بولمايدۇ» دېگەن. سەنلەر لېنىنىزمنى چالا
پۇلا ئۆگىنىۋېلىپلا چۇقان كۆتۈرۈشىسەن، لېنىنىزم ـ رىئالىزم دېمەكتۇر.
ۋەقەلىك بىلەن ھېساپلاشماسلىق لېنىنىزمگە مۇتلەقا زىت مەپكۇرە، گەپ تامام.
موسكۋا رەھبىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇياق بۇياققا مېڭىشقا باشلىدى ۋە موسكۋانىڭ
سۆزىدىن چىقماسلىققا، موسكۋا بىلەن نەپەس ئېلىشقا دەۋەت قىلدى. دەۋەت
قىلدىلا ئەمەس، مەجبۇرلىدى. ئەتىگەن سائەت 10 دا باشلانغان سۆھبەت كەچ
سائەت 22 گىچە قاتتىق كايىشلار، سۆكۈشلەر، دوق قىلىشلار، قورقۇتۇشلار بىلەن
داۋام قىلدى. بەرىبىر ئەخمەتجان قاسىمى ئۆز پىكرىدىن، غايىسىدىن قايتمىدى.
كەسكىن مۇنازىرىلەر، تالاش ـ تارتىشلار، ھوقۇق ئىشلىتىشلەر، كەمسىتىشلەر
ئەخمەتجان قاسىمىنى ئۆزگەرتەلمىدى. بۇ غەيرىي قانۇنى سوراقتا ئەخمەتجان
قاسىمى، ئىسھاقبەگ، دەلىلقان، غېنى كېرىمۇپ، ئابدۇرشىت ئىمىنۇپ (ئۇ پىكىر
ئېيتمىغان بولسىمۇ لوقما تاشلاپ تۇرغان ئىدى)لارنىڭ پەلسەپەۋى قاراشلىرى ۋە
ئۇيغۇرىستان خەلقلىرى ئۆز ئەركىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، مۇستەقىل مەملىكەتكە
ئۆزى ھاكىم بولۇش شەرت ۋە قانۇندۇر، دېگەندىن ئىبارەت بولدى. ئۇلار ئۆز
تەقدىرلىرىگە قانچىلىك مالامەت، قانچىلىك ھاقارەت ۋە قانچىلىك قىناقلار
بولىشىدىن قىلچىمۇ چۆچۈپ كەتمىدى، دادىل تۇرۇشتى.
مەن (ھاكىم جاپپار ـ ئا. ب) تەرجىمانلىق ۋەزىپىنى بىجىردىم. ئۆزەمدىن بىرەر
پىكىر، بىرەر ئېغىز قوشۇمچە سۆز ـ ئىبارە قوشمۇدۇم. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ
سۇئال ـ جاۋابلىرىنى ئەينەن بايان قىلدىم. ئاقىۋەت سۆھبەت بىر خۇلاسىگە
كېلىنمەي توختىدى. ئەتە ـ ئۆگۈن نېمە بولىشنى بىلمىدىم. مېنىڭ پىرونزىغا
قايتىشىمغا ئىجازەت بىرىشتى. ئېيتىش كېرەككى، بۇ سۆھبەتنىڭ مۇتلەق
مەخپىلىكى، ھەر قانداق شارائىتتا ئاشكارىلانماسلىقى، ئەگەر بىرەر تىۋىش
چىقىپ قالغۇدەك بولسا، بېشىم كېتىدىغانلىقى ھەققىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلۇپ
تىل خەت ئېلىشتى. مېنى يەنە شۇ پولكوۋنىك پرونزىغا ئېلىپ قايتىدىكەن. 290
كېلومىتىرلىق مۇساپىنى قىزىل قىيامەت بىلەن باستىم. «قەيەردە مېنى ئېتىپ
تاشلايدىكىن!» دېگەن مۆدھىش خىيال بىلەن مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلىپ نەپەس
ئالدىم. مانا شۇ «ئۇھ» 27 يىلدۇركى، يۈرۈگۈمدە پىنھانە ھالدا داۋام قىلىپ
كېلىۋاتىدۇ. ھېچ كىمگە تىنمىدىم. ئەمما ئۆزەمدىن ئۆزەم يېنىپ، كۆيۈپ كۈل
بولۇپ، «ئۇھ» تارتىپ كېلىۋاتىمەن. ئەمدى چىدامىم تۈگىدى. سەن مېنى توغرا
چۈشەنگىن، دە ـ مەن بەندىلىك قىلىپ قالسام ئەڭ بولمىغاندا قەبرىمگە بېرىپ
بۇ دەھشەتلەرنى ئاشكارا قىلساڭ، روھىم تىنىچ بولىدۇ. باشقا ئىلاج يوق. مەن
ساڭا ئىشىنىمەن.
ھاكىم جاپپار 10 يىل ئېغىر كېسەل بولۇپ، بۇ كېسەللىك ئۇنىڭ قەددىنى پۈكتى،
تىلىنى كەمتۈكلىدى. لېكىن ئۇ بۇ ناھايىتى پىنھان تۇتۇلغان قانخورلۇقنى
تالانتىلىق شائىر ۋە ژورنالىست ئابدۇغۇپۇر قۇتلۇققا (ئۇ خىزمەت بىلەن
پىرونزىغا بارغىنىدا) ئازدور كۆپتۇر سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. 1990 ـ
يىلى كۈزدە ھاشىر ۋاھىدى ھاكىم جاپپارنى سوراقلاپ بارغىنىدا بۇ قانلىق
پاجىئەنى مادارى كېلىشىچە سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ۋە ئۈچ كىشىلىك گۇۋاھلار
ئىشتىراكىدا كاسىتقا يېزىپ ئالغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇم. ھاشىر ۋاھىدىنىڭ
ئېيتىشچە، ئالۇتادىكى سوراق سۆھبىتىگە «شەرقىي تۈركىستان خەلق
جۇمھۇريىتىنىڭ رەئىسى مارشال ئېلىخان تۆرىگە مەسلىھەتچى بولغان مۇخسىن
ئابدۇللىنمۇ قاتناشقان ئىكەن. ھاكىم جاپپار بىلەن مۇخسىن ئابدۇللىن قەدىناس
دوست، غايىۋى مەسلەكداش بولغىنى ئۈچۈنمۇ ياكى ناجىيە ۋەقە سادىر بولۇپ
قېلىشتىن ئېھتىيات قىلغانمۇ، ماڭا مۇخسىن ئابدۇللىن ئىشتىراكنى ئېيتمىغان
ئىدى. كېيىنكى سۈرۈشتۈرۈشلەردە ھاشىر ۋاھىدىنىڭ مەلۇماتىنىڭ توغرىلىقى
ھەتتا ئەڭ كونا رازۋېتچىك مەنسۇر ئەپەندى (مەنسۇر رۇزىيۇۋ) مۇ
قاتناشقانلىقى مەلۇم بولدى. ئەپسۇسكى، بۇ ئىككى شەخسى بۇ پىنھانە
قانخورلۇقنى پاش قىلماي، ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىشتى.
* * * * *
بىز بۇ سۆھبەتنى ھەرگىزمۇ بىھۇدە قەلەمگە ئالمىدۇق. كېيىنكى دەۋىردىكى
ئۆزىنى ئۆزى پاش قىلىپ ئېلان قىلىنغان ماتېرياللار، خەلق ئىچىدىكى گەپ ـ
سۆزلەر ۋە شۈبھىلەر بۇ سۆھبەت قانلىق تېررورلۇقنىڭ باشلىنىش بولغانلىقىنى
كۆرسەتتى.
سىتالىنىزم ــ چەتئەل كىشىلىرىنىڭ مىللىي ئىدراكىغا، ۋەتەننى سۆيۈش
ئەخلاقىغا، تارىخ، كېلىچەك ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ يىلتىزىغا پالتا
ئۇرىدىغان سىياسەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىق ۋە پاكلىنىش دەۋرى ئىسپاتلاپ
بەردى. سىتالىنىزمنىڭ دەھشىتى قورقۇنچى تىرىك ۋىژداننى ئاسارەتكە سالغان
ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق مىللىي رەھبەرلىرىمىزنى ئالمۇتاغا
چاقىرىۋېلىپ تەھقىرلىگەن، ھاقارەتلىگەن، «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئۆلكىسى» دەپ
مەجبۇرلىغان رەھبەرلىكنىڭ نېمىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىز ئەمدىلەتىن
چۈشىنىۋاتىمىز. ھايات قانۇنى شۇنداقكى، ھەرقانداق پاجىئەنىڭ ئىپتىدائى
سەۋەبى بولغىنىدەك، ئىنتىھاسى ــ ئاقىۋېتىمۇ بولىدۇ. مەلۇمكى تارىخنىڭ
نىگاھى روشەن.
بۇ قانۇنسىزلىقنىڭ يۈز بەرگىنىگە يېرىم ئەسىرگە يېقىن بولسىمۇ، بەزىبىر
ئىمانسىز رەھبەرلەر تا بۈگۈنگىچە بىرەر ئېغىز سۆز ئاچماي ئىچىدە ساقلاپ
كەلدى. بەزىلىرى بولسا ساقلىغىنىچە بۇ دۇنيادىن كەتتى.
ئەھلى مۆمىنلەرنىڭ ئاغزىدا «ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق مىللى رەھبەرلىرىمىزنى
سىتالىننىڭ گۇماشتىلىرى ئۇرۇپ، قىيناپ ئۆلتۈرگەنمىش» دېگەن سۆزلەر ئېغىزدىن
ئېغىزغا ۋە مىللىي چېگرالاردىن ھالقىپ كۆچۈپ يۈردى.
1949 ـ يىلى مارت ئېيىدا غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇ ق ق (ئۇيغۇر، قازاق،
قىرغىز) كۇلۇبىدا سەيپىدىن ئەزىزى زىيالىلار جامائەتچىلىكىگە: «ئەخمەتجان
قاسىمى باشلىق رەھبەرلىرىمىز ئايرۇپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ ھالاك بولدى»
دېگەن شۇم خەۋەرنى ئېلان قىلغىنىدا پۈتۈن ئەھلى زىيالىلار قان يىغلاپ ماتەم
تۇتتى. شائىر ئابدۇرھىم يۈسۈپى: «يالغان، ئۇرۇسلار ئۆلتۈرگەن!» دەپ قاتتىق
ئېتىراز بىلدۈردى. بۇ پىكىر قانچىلىغان زىيالىلار، شائىر ۋە يازغۇچىلارنى
قاتتىق شۈبھىلەندۈردى. كۆپچىلىك زىيالىلار، رەھبىرى خادىملار ۋەقەنىڭ تۈپ
ماھىيىتىنى ئاڭلاپ يەتمىگەنلىكتىن بىرەر ئارتۇقچە كەلىمە ئېيتىپ قويۇشتىن
ئېھتىيات قىلىشتى. ئۆتمۈشتىكى پاجىئەلەردىن خەۋەردار بولغان ئايرىم شەخسلەر
خۇجىنىياز ھاجى، ئېلىخان تۆرە سوۋېت رازۋېتچىكلىرى تەرىپىدىن تەقىپ
ئېتىلگەنلىكىنى، خۇجىنىياز ھاجىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سوۋېت كونسۇلغانىسى
ئەجىلىدىن بۇرۇن ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى، ئېلىخان تۆرىنى بىر كېچىدىلا ئوغۇرلاپ
كېتىپ تاشكەنتتە نەزەربەنت قىلغانلىقىنى ئەسلەشتى. بەرىبىر ئايرۇپىلان
پاجىئەسى ئەمەس، قانداقتۇر سىرلىق قاتىللىق يۈز بەرگەنلىكىنى ھېس
ئېتىشەتتى.
رازۋېت مەلۇماتلىرىغا ئېتىبار قىلىدىكەنمىز، شۇ ۋاقىتلاردا (1948 ـ يىلى)
بايقال كۆلى ئېتىگىدە خىتايغا كىرگۈزىلىدىغان سوۋېت رازۋېت بۈلۈمى (ئۇنىڭ
رەھبىرى پولكوۋنىك م. كاگانوۋېچ) جىددى پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ،
مەلۇم سۈيىقەستلەر شۇ يەردە ئەمەلگە ئاشۇرىلاتتى. شۇ قاتاردا «ئەخمەتجان
قاسىمى باشلىق مىللى رەھبەرلەر شۇ يەردە قەتلى ئېتىلگەن» دېگەن گەپ ـ
سۆزلەرمۇ قۇلاققا چېلىناتتى.
ئۈچ ۋىلاەيەت مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلاب دەۋرىدە ئىلىم ـ پەن ۋە مەرىپەتنىڭ
كۆپلىگەن ساھىپلىرى يېتىشىپ چىققان، مەسئۇل ۋەزىپىلەرنى بىجىرىۋاتقان
ئىدىكى، ئۆتكۈر دىد، زېھىن بىلەن ۋەقەلىكنى گۈزۈتىشەتتى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ
ئەخمەتجان قاسىمىگە بولغان مېھرى ـ مۇھەببەتلىرى چەكسىز ئىدى. ئەخمەتجان
قاسىمىنىڭ ھەربىر ھەرىكەتلىرىدىن، سۆز ۋە ئېنتىلىشلىرىدىن زوقلىنىپ ئۇنىڭ
ساغلىقى ئۈچۈن كۆيۈنەتتى. پاجىئە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ئۆرتەپ تاشلىدى.
ئەسلىدە ئەخمەتجان قاسىمى باش بولغان ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى رويىخىتىنى
غۇلجىدىكى سوۋېت پاسولستىۋاسى تۈزگەن بولۇپ، ئۇلارنى بېيجىڭدىن ـ
ماۋزېدوڭدىن؟ تېلىگىرامما كېلىشى بىلەنلا ئالموتاغا ئەۋەتىدۇ. بۇ
ۋەقەلىكتىن «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى» ۋە ئۇنىڭ رىياسىتى
غاپىل قالىدۇ. ئەگەر بېيجىڭغا ۋەكىل ئەۋەتىش زۆرۈر ئىكەن، ئۇنى ھۆكۈمەت
رىياسىتى يىغىندا بار مەسلىھەت سايلىشى، ئوتتۇرىغا قويىلىدىغان مەسىلىلەرنى
مۇھاكىمە قىلىشى ۋە قارار قوبۇل قىلىشى شەرت ۋە زۆرۈر ئىدىكى، بۇ ئىشلار
مۇتلەق ئېتىباردىن چەتتە قالىدۇ.
ئەسلىنى ئالغاندا بۇ پۈتۈنلەي قانۇنسىزلىقتۇر.
ماۋزېدوڭ نامى بىلەن ئەۋەتىلگەن ئۈچ سەھىپىلىك تېلىگىراممىنىڭ ئەسلى
«چولپان» مەجمۇئەسىدە ئېلان قىلىنغانكى، ئۇنىڭدا ماۋزېدوڭنىڭ قولى ياكى
مۇھۇرى يوق. خىتاي يېزىقىدىكى قۇرۇق يازما تېلىگىرامما ھاشىيىسىدە
سەيپىدىننىڭ تۆۋەندىكىچە دەستى خېتى بار.
«بۇ تەلەبكە بىنائەن، ئەخمەتجان تۈۋەنجاڭ، ئىسھاقبەگ، ئابباسۇپ، دەلىلقان،
لوجىژلاردىن ئىبارەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 1949 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى
سوۋېت ئارقىلىق يولغا چىقتى. 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى بايقال ئۈستى تاغلىرىدا
ئايرۇپىلان ۋەقەسى بىلەن قۇربان بولدى. 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى مەن توجى،
ئالىمجان، جانىلار يولغا چىقىپ، 15 ـ كۈنى بېيجىڭگە كەلدىم. سەيپىدىن.»
سەيپىدىننىڭ بۇ دەستىخېتى ناھايىتى كۆپ شۈبھىلەرنى تۇغدۇرىدۇ. بىرىنچىدىن،
ئۇ ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق رەھبەرلەرنىڭ سوۋېت ئىتىپاقىغا كەتكەنلىكىنى،
پاجىئەگە يولۇققانلىقىنى ئۆز ۋاقتىدا بىلگەن. لېكىن ناھايىتى پىنھان
تۇتقان. خەلققە ئالتە ئايدىن كېيىن ئېلان قىلغان. ئىككىنچىدىن، «شەرقىي
تۈركىستان خەلق ھۆكۈمىتى» نىڭ قارارىسىز ئۆزى باشلىق تۆت كىشى بېيجىڭغا
ۋەكىل بولۇپ بارغان.
ئېتىباردىن ساقىت قىلمايلىكى، ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىن ماۋزېدوڭغا
يېزىلغان ئۇيغۇرچە تېلىگىراممىدىمۇ سەيپىدىننىڭ دەستىخېتىدە مۇنۇلار
يېزىلغان.
« پۈتۈن مەملىكەت خەلقلىرىنىڭ يېڭى سىياسىي كېڭىشى تەييارلىق ھەيئىتىنىڭ
مۇدىرى سۆيۈملۈك ماۋزېدوڭ ئەپەندىگە: ئەۋەتكەن ئالاقىڭىزنى تاپشۇرۇپ
ئالدۇق. جانابىڭىز بىزگە قويغان مەسىلىلەر پۈتۈن ئۆلكە خەلقىمىزنىڭ
ئۇزۇندىن بېرى كۈتكەن ئارزۇ تېلىگىدۇر. بىز خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ
ئۇلۇغ ئۇتۇقلىرىنى پۈتۈن جۇڭگو، پۈتۈن دۇنيا ۋە پۈتۈن ئۆلكە ئازاتلىقىنىڭ
غەلىبىسى دەپ تونۇيمىز. شۇڭلاشقا بىز جانابىڭىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان
مەسىلىڭىزگە چەكسىز تەشەككۈر ۋە خۇرسەنتچىلىكىمىزنى بايان قىلىشىمىز بىلەن
ئۆز ۋەكىلىمىزنى يىغىنغا ئەۋەتىشنى بىلدۈرۈمىز.» ھۆرمەت بىلەن مەخسۇس رايۇن
خەلق ۋەكىلى ئەخمەتجان قاسىمى
1949 ـ 20 ـ ئاۋغۇست شەھىرى غۇلجا
بۇ تېلىگىراممىدىمۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قولى ياكى مۇھۇرى يوق.
ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق رەھبەرلەرنى بىر كېچىدىلا قەيەرگىدۇ ئېلىپ
كەتكەنلىكىنى بايقىغان بەزى مەسئۇل خادىملار، خەلق مۆتىۋەرلىرى
سوراقلىغاندا سەيپىدىن مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «ئەخمەت ئەپەندىملەر ئالتايغا
خىزمەت تەكشۈرگىلى كەتتى.» سەيپىدىن ئەزىزى: ( «ئۆمۈر داستانى ئەسلىمە 2»
بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتى 1990 ـ يىل 962 ـ بەت) يەنە يازىدۇ:
« ئەخمەت ئەپەندىملەر ماشىنا بىلەن ئالموتاغا بېرىپ ئۇيەردىن ئايرۇپىلانغا
چۈشكەن.» (شۇ ئەسەر، شۇ سەھىپە)
ئېتىبار قىلىڭ: ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق رەھبەرلەر ماشىنا بىلەن ئالموتاغا
بارغانلىقىنى بىلگەن سەيپىدىن نېمىشقا مەسئۇل خادىملار ۋە مۆتىۋەر زاتلارغا
« ئالتايغا كەتتى» دەپ يالغان سۆزلەيدۇ؟ ئالدايدۇ؟ بۇ ساختىپەزلىكنىڭ
زەمىرىدە (ئىچىدە) ناھايىتى چوڭ خەۋپ ـ سىر يوشۇرۇنغاندۇر.
تېلىگىراممىلارغا ئىمزا چىكىلمىگەنلىكى جاۋاب تېلىگىراممىنى سەيپىدىن
يازغانلىقى ۋە ھاشىيەسىگە دەستىخەت قالدۇرغانلىقى ۋە نىھايەت ئەخمەتجان
قاسىمى باشلىق رەھبەرلەرنىڭ ئالمۇتاغا كەتكەنلىكىنى سىر تۇتقانلىقى
قانداقتۇر مۇدھىش بىر ۋەقەنىڭ (پاجىئەنىڭ) ناھايىتى پۇختا بىر يوشۇرۇن
سۈيىقەست ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئاڭلىتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقلىق شۈبھە
ئويغىتىدۇ.
سەيپىدىن يازىدۇ:
« 1949 ـ يىلى 3 ـ سىنتەبىر كۈنى سوۋېت كونسۇلخانىسى مېنى چاقىردى. بىز
موسكۋادىن بىر جىددى تېلىگىرامما ئالدۇق. ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى
ۋەكىللەر ئۆمىگى ئولتۇرغان ئايرۇپىلان ئېركوتىسكى شەھىرىدىن ئۆتۈپ ئەزا
بايكال تېغىنىڭ يېنىغا كەلگەندە ھاۋا بۇزۇلغانلىقى ئۈچۈن بەخىتكە قارشى
تاغقا سوقۇلۇپ كىتىپ، ئايرۇپىلاندىكى 17 كىشىنىڭ ھەممىسى قازاغا ئۇچرىدى.»
(شۇ ئەسەر، 422 ـ 423 ـ بەتلەر) يەنە داۋام قىلدى:
«مەن دىڭلىچۈنگە (شۇ ۋاقىتلاردا ھاكىمىيەتنى باشقۇرىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارى
ئا. ب) بۇ شۇم خەۋەرنى يەتكۈزدۈم. ئۇ بۇ خەۋەرنى مەركەزگە ئۇختۇرماقچى
بولدى. ... بۇ خەۋەرنى مۇتلەق مەخپى تۇتۇشنى، ئەسئەد ئىسھاقۇف،
سەيپىللايۇپ، لېسكىن ۋە نەبىجان قاتارلىق يولداشلاردىن باشقا ھېچ كىمگە
ئۇختۇرماسلىقنى قارار قىلدۇق. » (شۇ ئەسەر، 424 ـ بەت)
خوش بۇ پاجىئەنى نېمىشقا خەلق ئاممىسىدىن، ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىدىن
يوشۇرۇپ، مۇتلەق مەخپى تۇتىدۇ؟ سەيپىدىن دېڭلىچۈنگە ئۇچراپ ئۇنىڭ مەسلىھەتى
بىلەن ئىش كۆرگەنلىكىنىڭ تېگىدە نېمە مەقسەتلەر يوشۇرۇنغان؟ ئەسئەت،
سەيپۇللايۇپ، لېسكىن، نەبىجان قاتارلىق ئالتە كىشىلا بىلىشنىڭ زۆرۈرىيتىدە
پاجىئەنىڭ بولىشىدىن ئالدىنئالا خەۋەردارلىقى ئاڭلىشىلمامدۇ؟
سەيپىدىن داۋام قىلىدۇ:
«9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى لېسكىننىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ ئايرۇدۇرۇمغا چىقتۇق. ماڭا
تەرجىمان ۋە كاتىپ بولۇپ بارىدىغان دېلىن بىلەن خوجا ئەھمەد ئابدۇللايىۋنى
سورىدىم. سۈرۈشتۈرسەم ئۇلارنى لېسكىن ھويلىسىدىكى بىر ئىسكالاتقا
ئولتۇرغۇزۇپ، سىرتىدىن قۇلۇپلاپ قويۇپتۇ. .. مەن ئاچچىقلىنىپ لېسكىنگە
كايىپ، بۇ نېمە قىلغىنىڭ دىسەم، « بۇقەتئى مەخپى» دەپ جاۋاب بەردى.» (شۇ
ئەسەر، 463 ـ بەت)
خوش، لېسكىننىڭ ئىككى خادىمنى سولاپ قويغىنىنى «بۇ قەتئى مەخپى» دەپ جاۋاب
بەرگەنلىكىنى قانداق چۈشەنمەك كېرەك؟ لېسكىن نېمىنى سىر تۇتتى؟ لېسكىننىڭ
جاۋابىدىن سەيپىدىننىڭ تېڭىرقاپ قالغانلىقىنىڭ ۋەجى نېمە؟ يەنە داۋام
قىلىدۇ:
«مەن 1950 ـ يىلى (فېۋرال) ماۋجۇشى باشچىلىقىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى
بىلەن موسكۋاغا بارغىنىمدا سوۋېت تەرەپ ئەخمەت ئەپەندىملەرنىڭ جەسىدى
تېپىلغانلىقىنى، خالىسا ئېلىپ كېتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئالموتاغا
كېلىپ جەسەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ ئالدۇق. شۇ كۈنى باشقا ئايرۇپىلاندا غۇلجىغا
ئېلىپ كېلىندى. جەسەتلەر ئەينەك يەشىكلەرگە خېمىيەلىك دورىلار بىلەن
قاتۇرۇلۇپ قاچىلانغان ئىكەن. ئېچىپ كۆرسەك، باشقىلارنىڭ تېنى پارچىلىنىپ
كېتىپتۇ. ياخشى تونىغىلى بولمايدۇ. ئابباسۇپنىڭ تېنى پۈتۈن، بېشى يېرىلغان.
ئابباسۇۋ ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ كەتكەن يەردىن 20 مىتىرچە يىراقتا تاش
ئۈستىدە ياتقانمىش... ئېيتىشلىرىچە، ئايرۇپپىلان نەرسە ـ كېرەك، كىيىم ـ
كېچەك ھەممىسى كۆيۈپ تۈگەپتۇ. كەڭ بىر پارچە ئورمانمۇ كۆيۈپ تۈگەپتۇ» (شۇ
ئەسەر، 467 ـ بەت)
ئېتىبار قىلىڭ، ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق رەھبەرلەرنىڭ جەسەتلىرى ئالتە
ئايدىن كېيىن (كۈز ۋە قىش ئۆتۈپ) تېپىلغانلىقى، ئابباسۇۋنىڭ تېنى (جەسىدى)
نىڭ پۈتۈنلىكى ھاڭۋاقتىنمۇ ئىشەندۈرەلەمدۇ؟ «ھەممە نەرسە كۆيۈپ تۈگەپتۇ»
دەپ تۇرۇپتۇ، ـ يۇ ئابباسۇپنىڭ تاش ئۈستىدە پۈتۈن قېلىشى قانداق تەسادىپ؟
ئاخىر ئايرۇپىلان تاغقا ئۇرۇلغانغۇ؟ ئېنىق قىلىپ ئېيتماقچىمىزكى، «جەسەتلەر
1950 ـ يىلى 15 ـ مارت كۈنى سوۋېت تېررىتورىيىسىدىن غۇلجا شەھىرىگە ئېغىر
مۇسىبەت ۋە ئېچىنىش ئىچىدە ئېلىپ كېلىندى» (ئادىلجان قاسىمى، «دادام
ئەخمەتجان» (تارىخى ئەسلىمە) « چولپان» مەجمۇئەسى 85 ـ بەت) 1987 ـ يىل
ئۈرۈمچى)
بىز يەنە شۇنى ھەم ئوقۇغۇچىمىز ئېتىبارىغا ھاۋالە قىلىمىزكى، 1950 ـ يىلى
16 ـ مارت كۈنى بىر سوۋېت ھەربىي كىشىسى ئابباسۇپنىڭ ئىنىسى خەمىت
ئابباسۇپنىڭ ئۆيىگە «تەشرىپ» قىلىپ:
«مانا بۇ سائەت، تۆت ئۇيۇل ئالتۇن ۋە بوۋىڭىزنىڭ پورتىرىتى، ئاكىڭىز
ئابباسۇپنىڭ يېنىدىن ئېلىندى. تاپشۇرۇپ ئالغايسىز»، دەپ بەرگەن ۋاقتىدا
سائەتنىڭ مېڭىپ تۇرغانلىقىنى ۋە بوۋىسىنىڭ رەسىمى زەخمىلەنگەنلىكىنى
قېرىنداش ئۇرۇغلىرى، خولۇم ـ خوشنىلىرى كۆرگەن ۋە گۇۋاھ بولغان.
سەيپىدىننىڭ يېزىشچە 8600 مىتىر ئىگىزلىكتە ئۇچقان ساماليۇت تاغقا
ئۇرۇلۇپ، ھەممە نەرسە كۆيۈپ كۈل بولىدىكەن، ئابباسۇپنىڭ تېنى پۈتۈن، سائىتى
ۋە دادىسىنىڭ رەسىمى كۆيمەي ساق قالغىنىغا ناننىڭ ئوڭ ـ تەتۈرىنى
بىلمەيدىغان كىشىمۇ ئىشەنمەيدۇ.
ئەھلى ئالەمگە مەلۇمكى، پاكىستان پېرىزدېنتى زىيائۇل ھەق ساماليۇتتا 6000
مىتىر ئىگىزلىكتە پاجىئەگە ئۇچرىغاندا ئىكپاز ۋە ساماليوتتكى بارلىق
ھىمايىچىلاردىن بىرەر پارچە سۆڭەك ھەتتا كىيىملىرىدىن بىرەر پۇرۇچ
تېپىلمىغانلىقى، ئەگەر بىرەر ماددى ئەشيا تېپىلسا ئىكىسپىرتىزا ھادىسسىنىڭ
سەۋەبىنى ئېچىشقا ماتېرىيال بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشقان ئىدىغۇ؟
كېيىنكى 50 يىل ئىچىدە مۇنداق ھادىسلەر ناھايىتى كۆپ بولدى. 1949 ـ يىلى
ئىتالىيەنىڭ مەشھۇر «تورىنا» پۇتبۇل كوماندىسى چۈشكەن ساماليوت بىر
ئىبادەتخانىغا ئۇرۇلۇپ كۆيۈپ كەتتى. ھەممەيلەن كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى. 1958
ـ يىلى مېيونخېندىن كۆتۈرۈلگەن «ئېلىزابېت ـ 609 » لېينىرى تۇمشۇغى بىلەن
يەرگە ئۇرۇلۇپ پارتلاپ كەتتى، ھېچ نەرسە قالمىدى.
1961 ـ يىلى چىلىنىڭ «گرىنكروسىس» پۇتبول كوماندىسى چۈشكەن ساماليۇت ئانىد
تاغلىرىدا ھادىسگە ئۇچرىدى، ساماليوتمۇ، جەسەتلەرمۇ تېپىلمىدى.
1969 ـ يىلى بولىۋېينىڭ « سېترونگىسېت» پۇتبول كوماندىسى چۈشكەن ساماليوت
تاغقا ئۇرۇلۇپ پارتلاپ كەتتى. شۇنداقلا 1979 ـ يىلى ئۆزبەكىستاننىڭ
«پاختىكار» پۇتبول كوماندىسى 8000 مىتىر ئىگىزلىكتە ئىككىنچى ساماليوتقا
ئۇرۇلۇپ پاجىئە يۈز بەرگەندە ھەر ئىككىلا ساماليوتتىكى يولۇچىلار
جەسەتلىرىدىن بىر پارچىمۇ تېپىلمىدى. سەيپىدىننىڭ جۆيلۈشلىرى، توغرىسى
ساختىپەزلىكى تۆۋەندىكىچە داۋام قىلىدۇ: « ئايروپىلان 4000 مىتىر
ئىگىزلىككە كۆتۈرۈلگەندە ئۇچقۇچى كاپىتان يۇسۇپۇۋ ئەھمەد ئەپەندىلەر چۈشۈپ
كەتكەن يانبول پىرىۋال دېگەن جاينى كۆرسەتتى. قارىسام بىر پارچە چوڭ يەرنىڭ
كۆيۈپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇيەر بۇيەردە پارچە ـ پارچە قارا نەرسىلەر كۆرىنەتتى.
ئۇ كۆرۈنگەن نەرسىلەر ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىمۇ بولىشى مۈمكىن. .. ئۇلار
يارىدار بولۇپ، ھايات ياتقاندىمۇ يا؟ ... ئەنە ئەخمەت ئەپەندىم: «ساڭا ئاق
يول بولسۇن، بىز ئادا قىلمىغان ۋەزىپىنى سەن ئورۇنلاپ كەل! دېگەندەك
قىلىدۇ.» (شۇ ئەسەر، 468 ـ 466 ـ بەتلەر)
بۇ سۆزگە كۈلەمسەن، كۆيەمسەن؟ سەيپىدىن ئۆزىنى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ۋارىسى
قىلىپ كۆرسەتكىنىگە «توپىدا ماي بارمۇ؟» دېگەن شەيتانمۇ ئىشەنمەيدۇ. بىر
دانىشمەن: «يالغانچىنى يالغىنى چىققۇچە قوغلاش كېرەك» دېگەن ئىكەن. قېنى
ئەمدى سەيپىدىننى قوغلايلىچۇ؟!
سەيپىدىن يازىدۇ: « بۇ مەجلىسنىڭ ئىككىنچى كۈنى (1949 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 22
ـ كۈنى ) جۇ ئېنلەي ماڭا بۇ مەجلىستە، ئەخمەت ئەپەندىملەرنىڭ قۇربان
بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭغا بىر تەزىيە تېلىگىراممىسى يوللاشنى
ئېيتتى. مەن يولداش جۇ ئېنلەيگە، ھازىرچە بۇ ئىشنى قىلماي تۇرساق، ئۇلارنىڭ
ۋاپاتىنى بىز بارغۇچە مەخپى تۇتۇپ تۇرساق، دېدىم ۋە سەۋەبىنى ئېيتتىم. جۇ
ئېنلەي قوشۇلدى» (شۇ ئەسەر، 490 ـ بەت)
بۇ مەخپى تۇتۇش ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ خىتاينىڭ «ئاتاغلىق رەھبىرى»نى
سۆزىگە كىرگۈزگەن سەيپىدىننىڭ قۇدرىتى نېمىدۇ؟ ياكى غۇلجىدىكى سوۋېت
كونسۇلخانىسىنىڭ ئىجازىتىسىز ئىش كۆرۈش مۈمكىن ئەمەسلىكىنى باھانە
قىلدىمىكى؟ سەيپىدىنگە جۇمھۇر رەئىس ئېلىخان تۆرىنىڭ «ئۆتۈپ كەتكەن
مۇغەمبەر» دەپ باسقان تامغىسى ئەپت ـ بەشىرەسىنى نامايىش ئېتىۋاتامدۇ؟
سەيپىدىننىڭ مەنىۋى ـ غايىۋى تايانچىسى بولغان دېڭلىچۈننىڭ قىياپىتى كۆز
ئالدىغا كەلدىمۇ يا؟ ئەسلىدە دېڭلىچۈن سەيپىدىنگە چەك ـ چېگرىسىز ئابرۇي
مەنسەپ ۋەدە قىلىپ بۇرنىدىن يىپ ئۆتكۈزۈپ ئالغانلىقىنى ئەسكە
ئېلىۋاتامدۇكىن! ئومۇمەن جۇ ئېنلەي بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ روھىدا دۆلەت
خارەكتېرلىك سىر يوشۇرۇنغاندۇر.
خۇلاسىلاپ ئېيتساق، ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق رەھبەرلەرنىڭ « ئايروپىلان
ھالاكىتىگە ئۇچرىغان» دېگەن ئويدۇرما، ساختىپەزلىك، سەيپىدىن، دېڭلىچۈن ۋە
سوۋېت كونسۇلخانىسى باشلىقى دوباشىنلار ئۇلارغا قوشۇلۇپ ئەسئەد،
سەيپۇللايۇپ، لېسكىن ۋە نەبىجانلارنىڭ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن
ئۇيۇشتۇرغان، ئۇيغۇرىستان خەلقلىرىنى ئالداش، غۇربەتتە قالدۇرۇش مەقسىتىدە
يارىتالغان سىياسىي رەڭۋازلىقتۇر.
قاچان بولمىسۇن يالغانچىلىق، ساختىپەزلىك، رەڭۋازلىق پاش بولماي قالمايدۇ.
ئېتايلۇق، ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق رەھبەرلەرنى سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىگە
(كېڭەش 1949 ـ يىلى 25 ـ سىنتەبىردە ئېچىلىش كېرەك) بىر ئاي ئىككى كۈن
بۇرۇن ئالموتاغا يوشۇرۇن ـ قەتئىي مەخپى ئېلىپ كېتىشنىڭ ئاساسىي سەۋەبى
سىتالىننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئىتائەت قىلىش، تېز چۆكتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ھاكىم
جاپپارنىڭ سۆھبىتىدىن چۈشەنگەن ئىدۇق. ئۇلار موسكۋانىڭ ــ سىتالىننىڭ
سۆزىگە كىرمىگەن ۋە قەتئىي قارشىلىق پوزۇتسىيەدە بولغانلىقتىن سۈيىقەست
ئۇيۇشتۇرغانلىقى، بۇنى ساماليوت پاجىئەسى دېگەن ساختىپەزلىك بىلەن
ئالدىماقچى بولغانلىقى ئۆز ئۆزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. پاكىتلاردىن ئايانكى،
1946 ـ يىلى جۇمھۇر رەئىسى ئېلىخان تۆرىنى بىر كېچىدىلا قەتئىي مەخپى
ئوغۇرلاپ كەتكەن ئىدى. خەلق ئېلىخان تۆرەم قېنى؟ دەپ سورىغاندا سەيپىدىن :«
بۆرىتالا ئارشىڭىدا دەم ئېلىۋاتىدۇ» دەپ يالغان ئېيتقان ئىدى. ئاخىر ئەخمەت
ئەپەندىم باشلىق مىللىي رەھبەرلەر چۈشكەن ساماليوت ھادىسىگە ئۇچرىغان
ئىكەن، نېمىشقا سوۋېت رەھبەرلىكى خىتاي رەھبەرلىكىگە تەزىيە ئېلان
قىلمايدۇ؟ بىز 1949 ـ يىلى ئاۋغۇست، سىنتەبىردىكى سوۋېت مەتبۇئاتىنى
(مەركىزى گېزىتلارنى) باشتىن ئاخىر كۆزدىن كەچۈردۇق. ساماليوتتا
ئۇيغۇرىستاندىن 8 كىشى، سوۋېتتىن 10 كىشى ھالاك بولغانلىقىنى مەتبۇئاتتا
تەزىيە بىلدۈرۈش قانۇنى ۋە دېپلوماتىك زۆرۈرىيەت ئىدىغۇ؟
ئېيتىش كېرەككى، ئەگەر بۇ ناھايىتى ئۇستىلىق ۋە پۇختىلىق بىلەن
ئۇيۇشتۇرۇلغان سۈيىقەست بولمىسا، بېيجىڭغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ
تېرروتىرىيىسى ئارقىلىق ئەمەس، ئۈرۈمچى، شىئەن ئارقىلىق بېرىش ئوڭۇشلۇق ۋە
ناھايىتى ماقۇل ئىدىغۇ؟ ئەسلەيمىزكى، 1946 ـ يىلى 11 ـ ئايدا نەنجىڭدا
ئېچىلغان گومىنداڭ خەلق قۇرۇلتىيىغا ئەخمەتجان قاسىمى، ئابباسۇپلار غۇلجا،
ئۈرۈمچى، شىئەن ھاۋا يولى بىلەن بارغان ئىدىغۇ؟
* * * * *
كېيىكنى يىللاردا سەيپىدىن ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىنى
پۈتۈنلەي بۇرمىلاپ، ساختىلاشتۇرۇپ، مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابنىڭ
تەشكىلاتچىلىرى ۋە ئاساسىلىق رەھبەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ بىر قاتار
ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. بۇ ئەسەرلىرىدە ئۆزىگە يىقىن، غايىۋى بىر نىيەت
شەخسىلەرنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، ھەتتا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تەشكىلاتچىسى
سۈپىتىدە تەرىپلىدى. «تەڭرىتاغ بۇركۇتى» (ئۈرۈمچى 1989 ـ يىل) «ئۆمۈر
داستانى» (بېيجىڭ 1990 ـ يىل) قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ
مىللى ئازاتلىق ئىنقىلابنىڭ تەشكىلاتچىسى ۋە رەھبىرى دەرىجىسىدە
مەدھىيلەندى. شۇ ئاساستا ۋەقەلىككە مۇتلەقا زىت پىكىر ـ مۇلاھىزىلىرى بىلەن
خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى تەشۋىق ـ تەرغىب قىلىشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى
بىلەن كىرىشىپ كەتتى. ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتىنىڭ مىڭلىغان
ئىشتىراكچىلىرى ۋە سەركەردىلىرى بىز بىلەن ھەمنەپەس ياشاۋاتقانلىقىغا كۆز
يۇمۇپ، ئۇياتسىزلارچە ساختا داۋالارنى كۆتۈرۈپ چىقماقتا. ئەسلىدە «ئۆتۈپ
كەتكەن مۇغەمبەر» سەيپىدىننىڭ قان ـ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ساختىپەزلىك،
ئاغمىچىلىق، مۇناپىقلىق تەبىئىتى، چوقۇنۇش، تىز پۈكۈش يولى بىلەن 40 يىلدىن
ئاشتىكى «ئابرۇي»، «مەنسەپ» ۋە «ئىقتىسادى ئىمتىياز»لارغا ئىگە بولدى.
يېقىندىلا ئۇ خىتاي تەرغىباتچىسى سۈپىتىدە قەشقەرىيەنى ئايلىنىپ ۋايساپ
كەلدى. ئۇنىڭ «ۋەتەننىڭ بىر پۈتۈنلىكى» «مىللەتلەرنىڭ دوستلۇقى»
ماۋزۇسىدىكى تەشۋىق ـ تەرغىباتى كەڭ مەھەللىي خەلقنىڭ غەزىۋىنى يەنىمۇ
كۈچەيتىۋەتتى. ئۇنىڭ مۇناپىقانە پائالىيىتىگە نەپرەتلەر ياغدۇرۇلدى. ئۇ
1949 ـ يىلى سىنتەبىردە بىرىنچى قېتىم بېيجىڭغا بارغىنىدا كىبارلىق،
ھىلىگەرلىك ھاياتقا جان ـ تېنى بىلەن شۇڭغۇپ كەتكەن ئىدىكى، ئومۇمى
تەدبىرلەردە، يىغىنلاردا ئاغزىغا كەلگىنىنى سۆزلەپ (ئۆزىنى ئۇيغۇرىستاننىڭ
بىرىنچى رەھبىرى دەپ ئاتاپ) خىتاي رەھبەرلىكىگە ئەبەدىلئەبەد ئېتىقاد
قىلىدىغان قۇلغا ئايلانغان ئىدى. ئۇ جۇ ئېنلەي ۋە ماۋزېدوڭنىڭ شەخسى
قوبۇلىدا بولىدىكەن، ئۇلار ئىتائەتكار، تەييار مالاي سەيپىدىننى ئۆزلىرىگە
ئەزىزۇ مۇكەررەم ھېساپلاپ ئۇنىڭدىن ناھايىتى كۆپ پايدا تېگىشكە ئىشەنچى
بىلدۈرۈشكەن ئىدى. بۇ ئىشەنچىنى سەيپىدىننىڭ ئەمەلىيىتى « ئاقلىدى».
لېكىن، بەرىبىر ئۇ بارچە ھۆرمەت، ئابرۇي، مەنسەپ، ھوقۇق ۋە سىياسىي
ئىقتىسادىي ئىمتىيازلارغا ئىگە بولۇپ ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ھەقىقى مەنادا
خەلقنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغان ساتقىن، مىللىي مۇناپىق بولۇپ، تارىختا قالدى.
بۇ تارىخنى ئۇيغۇرىستاندىكى ئەقلۇ ئىدرەكلىك، پاراسەتلىك، ۋەقەلەرگە
بىۋاستە ئىشتىراك ئەتكەن سەيپىدىننىڭ قان تومۇرلىرى ئۇرۇشىدىن تولۇق
خەۋەردار بولغان ساھىپ قەلەملەر يەنىمۇ تولدىرىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.
* * * * *
بىز ئەمدى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ پەرزەنتى ئادىلجان قاسىمىنىڭ «دادام
ئەخمەتجان » ماۋزۇلۇق ماقالىسى («چولپان» مەجمۇئەسى 4 ـ سان 178 ـ 186 ـ
بەتلەر 1987 ـ يىلى ئۈرۈمچى) دىكى ئايرىم پاكىتلارغا مۇراجىئەت قىلىمىز.
ئادىلجان يازىدۇ:
«1949 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى دادام، ئىسھاقبەگ مۇنۇنۇپ، ئابدۇكېرىم
ئابباسۇپ، دەلىلقان سۇگۇربايۇپ، لوجىژ، غېنى كېرىمۇپ، ئابدۇرشىت ئىمىنوپ،
ئوسمانجان ناسىرى قاتارلىق 8 نەپەر خادىم غۇلجىدىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ،
سوۋېت تېررىتورىيىسىدە ئايرۇپىلانغا چۈشۈپ بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقتى.
بەخىتكە قارشى 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىبىرىيە بايقال
كۆلى ھاۋا بوشلىقىدا ھادىسىگە ئۇچراپ قازاغا ئۇچرىدى.» (مەزكۇر ژۇرنال 185
ـ بەت)
كۆرۈلۈدۇكى، بۇ چۈملىدە تاغقا سوقۇلۇپ ئەمەس، ھاۋا بوشلىقىدا ھادىسىگە
ئۇچرىغان.
جۇ ئېنلەي تەزىيە تېلىگىراممىسدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:
« 1949 ـ يىلى 9 ـ ئايدا بېيجىڭگە كېتىۋېتىپ ئايرۇپىلان ھادىسىسگە ئۇچراپ
بەخىتكە قارشى قۇربان بولدى.»
جۇ ئېنلەي 1949 ـ يىلى 11 ـ 28 ـ كۈنى (شۇ ژورنال 186 ـ بەت)
سەيپىدىن يازىدۇ:
«1949 ـ يىلى 22 ـ ئۆكتەبىر كۈنى ماۋزېدوڭ شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىلىقنى
ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتىتىغا تېلىگىرام ئەۋەتتى.» (ئۆمۈر
داستانى 459 ـ بەت)
ئوخشىماسلىقلارغا ئېتىبار قىلىڭ. ئادىلجان قاسىمى 27ـ ئاۋغۇستتا ھادىسسىگە
ئۇچرىغان دېسە، جۇ ئېنلەي 9 ـ ئايدا دەپ كۆرسىتىدۇ. ماۋزېدۇڭ 22 ـ ئۆكتەبىر
تەزىيە تېلىگىرامما يازسا، جۇ ئېنلەي 28 ـ نويابىردا (ماۋزېدوڭدىن 1 ئاي 6
كۈن كېيىن) تېلىگىرامما ئەۋەتىدۇ. ئىككى «ئۇلۇغ» رەھبەرنىڭ تەزىيە
تېلىگىراممىسىدىكى ۋاقىت پەرقى قانداقتۇر بىر سىر، شۈبھە، ئەينى ۋاقىتتا
ساختىپەزلىكنىڭ ئوپ ـ ئۇچۇق ئىپادىلىنىشىدۇر.
40 يىلدۇركى، ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق رەھبەرلەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە تۈرلۈك
ـ تۈمەن گەپ سۆزلەر پەيدا بولدى. بۇنىڭدا ماۋزېدوڭ ۋە جۇ ئېنلەينىڭ
تەزىيەلىرىدىكى جىددى پەرقلەر، سەيپىدىن توقۇپ چىقارغان ساختىپەزلىكلەر پاش
قىلىنىپ، «ئۇلار قەستىدن ئۇستىلىق بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان تېررورلۇقنىڭ
قۇربانى بولدى.» دېگەندىن ئىبارەت بولدى. ھەقىقەتەن بۇ قاتىللىق چوڭ
سىياسىي سۈيىقەست قەتئىي مەخپىيەتلىكىدە پىششىق تەييارلىق بىلەن
ئۇيۇشتۇرۇلغان جاللاتلىق، ئېنىقراقى سىتالىننىڭ خىتاي رەھبەرلىكى بىلەن
كېلىشىلگەن ھالدا قىلىنغان قەبىھ تېررورلۇق ئىكەنلىكى ئېغىزلاردىن ـ
ئېغىزلارغا، ئەۋلادلاردىن ـ ئەۋلادلارغا ئۆتتى.
ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق مىللىي رەھبەرلەرنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ
كەتكەنلىكىنى يوشۇرۇش، قاتىللىققا «ساماليۇت ھادىسىسى» دەپ ساختا پەتىۋا
بېرىش، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى 6 ئايلاپ ۋەتەنگە قايتۇرۇپ بەرمەسلىك، بۇ
قانلىق پاجىئەگە باغلىق مەلۇماتلار، ھۆججەتلەرنى مۇناپىقلارچە يوق قىلىش
سىتالىنىزمنىڭ قاباھەتلىك سىياسىتى ئىدى. خەلق سۆيگەن رەھبەرلەرنىڭ بېشىغا
كەلگەن مەلامەتلەر، قىيناقلار تەپسىلاتى شۇ كۈنگىچە مەخپى تۇتۇلىشى، مەسىلە
قانچىلىك چىگىش ۋە مۆدھىش بولمىسۇن، ئۇنى پۈتۈن روھىيىتى بىلەن ئۆگىنىش،
خۇلاسىلاش، ئۇلارنىڭ تەۋەرۇك ناملىرىنى خەلقىگە، ۋەتىنىگە قايتۇرۇپ بېرىش
ئەمدى بىزگە نىسىپ بولدى. بۇ مۇقەددەس ۋە شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۈستىمىزگە
ئالغان ئىكەنمىز، نۆۋەتتىكى سۆھبىتىمىز بىرىنچى قەدەم ھېساپلىنىدۇ.
* * * * *
ئەخمەتجان قاسىم باشلىق رەھبەرلەرنىڭ شەخسى ھالىتى دۇنيا قارىشى ۋە
ئېنتىلىشلىرىنى ئۆز دەۋرى مەپكۇرىسىدىن، ماددى زېمىندىن ھەمدە ۋەقەلىكنىڭ
تۈپ خارەكتېرىدىن ئايرىپ تۇرۇپ باھالىيالمايمىز. توغرىسى ئەخمەتجان قاسىمى،
ئىسھاقبەگ، دەلىلقان، غېنى، ئابدۇكېرىم، ئابدۇرشىت ۋە ئوسمانجانلارنىڭ
ھەممىسىنى كامالەتكە يەتكەن، كەم كۈتسىز مۇكەممەل شەخسلەر دەپ ھۆكۈم
چىقىرالمايمىز. ئۇلار بىر ـ بىرىسىگە نىسبەتەن بەلەند ـ پەست مەلۇماتقا
ئىگە، ئايرىملىرى سىياسىي نەزەرىيە جەھەتتىن تاۋلانمىغان، دۇنيا قارىشى
چەكلىك، بەزىلىرى ئۇيغۇرىستان مۇستەقىللىقىغا شۈبھە بىلەن قارايدىغان،
خىتايغا چوقۇنۇشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان، مەۋقەسىز، ئىرادىسىز، ئەينى ۋاختىدا
مەنسەپپەرەس، ئابرۇيپەرەست شەخسلەر ئىدى.
ئەخمەتجان قاسىمى ئالىي مەلۇماتلىق، ئۇيغۇرلار تارىخىنى خېلىلا چوڭقۇر
ئۈگەنگەن، ئۇيۇشتۇرۇش، تەشكىللەش قابىلىيىتىگە ئىگە، پىدائى ئىنقىلابچى
ئىدى. ئۇ بۇرۇنلا جۇمھۇر رەئىسى ئېلىخان تۆرىگە مەنزۇر بولۇپ، شەخسى
تەرجىمان، كېيىنچە ھەربىي بۆلۈم باشلىقى سۈپىتىدە ئۆزىنى كۆرسەتكەن ئىدى،
كېيىنچە خەلق سۆيگەن رەھبەر مۇنبىرىگە كۆتۈرۈلدى. لېكىن ئۇ سىتالىنچىلار
يىپىغا ئاللىقاچان باغلانغان، كېيىنرەك بۇ يىپنى ئۈزۈشكە قۇربى يەتمىدى.
ئۆز ھەلەكچىلىكىدە ئاۋارە بولۇپ قالغان ئىدى. بەرىبىر ۋەتەن ئازاتلىقى ۋە
مۇستەقىللىقى ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىدا قايناپ ئۆركەشلەپ تۇراتتى.
ئىسھاقبەگ مەلۇم دائىرىدە ھەربىي تەلىم ۋە چەڭگىۋار تەجرىبىگە ئىگە قىرغىز
پەرزەنتى ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرلار تارىخىنى ئانچە ياخشى بىلمەيتتى. ئەمما
گومىنداڭ ئىستىبدادىنىڭ ۋەھشىلىكلىرىنى، باسقۇنچىلارنىڭ قاباھەتلىك
سىياسەتلىرىنى خېلىلا چوڭقۇر چۈشىنەتتى. گومىنداڭغا قارشى جەڭ قىلىدىكەن،
سوۋېت كونسۇلخانىسىنىڭ سۆز ـ ھەرىكەتلىرىگە قۇلاق تۇتاتتى. ئۇنىڭ
كۆرسەتمىلىرىنى بىجىرىشكە مەجبۇر ئىدى. ھەربىي يۈرۈشلەرنى باشلاشتىن
ئاۋۋال ھەمىشەم رەھبىرى رەھنامىسى دوباشىندىن فاتىھە ئالاتتى. ئەخمەتجان
قاسىمىنىڭ كېيىنكى دەۋرىدىكى ئىنقىلابىي ئۆزگىرىشنى ئالقىشلاپ پۈتۈن ۋۇجۇدى
بىلەن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلاتتى ۋە قاتتىق ھۆرمەتلەيتتى.
دەلىلقان ئوتتۇرا مەلۇماتقا ئىگە، قايتماس ئىرادىلىك ۋەتەنپەرۋەر جەسۇر
شەخس ئىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىدا بالىلىقىدىن تارتىپلا گومىنداڭ
قاراقچىلىرىغا قارشى كۈرەش ئوتى يالقۇنجاپ تۇراتتى. ئۇيغۇرىستاندىن خىتاي
مىللىتىگە مەنسۇپ خەلقنى پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىپ، مۇستەقىل ئىسلام
جەمھۇرىيىتى قۇرۇش ئىدىيىسى كۈچلۈك ئىدى. گومىنداڭچىلارغا قارشى
پارتىزانلىق ھەرىكەتلەردە ئانچە تەجرىبە ئاشۇرغان، ئەلگە مەنزۇر بولغان
ئوغلان ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرىستان مەسىلىسىگە خىتاينىڭمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭمۇ
ئارىلىشىشىغا قەتئىي نارازى، قارشى ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمىنى ھۆرمەتلەيتتى
ۋە ئۇنىڭ سۆزىگە ئەھمىيەت بېرەتتى.
ئابدۇكېرىم خىتاي ئىلىم گاھىدا ئالىي مەلۇماتلىق سەۋىيىگە ئىگە بولغان،
خىتاي قىزىغا ئۆيلەنگەن، خىتاي تۇرمۇشىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈشكە ھەرىكەت
قىلىدىغان، ھەرىكەتجان شەخس ئىدى. ئۇنىڭ غايىسىدا خىتاي رەھبەرلىكىنى
قوللايدىغان، پۇرسەت تاپسا مەنسەپ، ئابرۇي، بايلىق ئاشۇرۇشقا ئىنتىلەتتى.
لېكىن ئۇ ئۆز پائالىيىتىنى ناھايىتى يوشۇرۇپ، كۆپ نىيەتلىرىنى دوستلىرىدىن
پىنھان تۇتاتتى. مەھەللىۋازلىق، قېرىنداش ئۇرۇغلۇق مەپكۇرىسىدە ئانچە ـ
مۇنچە ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۈلگۈرگەن ئىدى. ئومۇمەن مىللىي ئازاتلىق
ئىنقىلابنىڭ ئىستىقبالىغا شۈبھە بىلەن قارايتتى. بەرىبىر خىتاي
رەھبەرلىكىدە ئىش كۆرۈش ئاساسىي مۇددىئاسى ئىدى.
غېنى، ئابدۇرشىت ۋە ئوسمانجانلار دەۋرىنىڭ يالقۇنلۇق زىيالىلىرى،
ۋەتەنپەرۋەرلىرى، مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىمىزنىڭ جەسۇر جەڭچىلىرى ئىدى.
غېنى غۇلجىدىكى روس گېمنازىيىسىدە رۇس تىلىنى خېلىلا مۇكەممەل ئۈگەنگەن
بولۇپ، ئاقكۆڭۈل، راستچىل، ئىرادىلىك ياش ئىدى. ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىل
جۇمھۇرىيەت بولىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش غايىسى ھەممىدىن ئۈستۈن ئىدى.
ئەخمەتجاننىڭ تەربىيىسىنى كۆرگەن غېنى، ئەينى ۋاختىدا ئەڭ ئىشەنچىلىك
ياردەمچىسىمۇ ئىدى.
ئابدۇرشىت قەلەم ساھىبى ئىدى، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەردىنى، مىللىي ئازاتلىق
ئىنقىلابىمىزنى تەرەننۇم ئەتكەن قاتار ـ قاتار شېئىرلىرى بىلەن شائىر
سۈپىتىدە تونۇلغان ئىدى. ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكنى مەھۋى قىلىش (يوق قىلىش)،
كۈرەشكە دەۋەت، ئابدۇرشىت شېئىرىيىتىنىڭ غايىۋى، بەدىئى يۆنىلىشىنى
بەلگىلىدى.
ئوسمانچان ــ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ جىيەنى بولۇپ، رەھبىرىمىز ئەخمەتجان
قاسىمىنىڭ ئىشەنچىلىك پاسىبانى ئىدى.
مىڭ نادامەتلەر بولسۇنكى، بىز تەۋسىپ ئەتكەن رەھبەرلەرنىڭ سىياسىي قىياپىتى
ۋە ھەرىكەت پائالىيىتى تا ھازىرغىچە خالىسانە باھالانمىدى. خىتاي
ھۆكۈمرانلىقى باھالاشقا يول قويمىدى. سەيپىدىن، ياسىن خۇدابەردى، ماھىنۇر
خانىم ( ئەخمەتجان قاسمىنىڭ ئايالى) ۋە باشقىلارنىڭ ئېلان قىلغان خاتىرە،
ماقالىلىرىدا ئەخمەتجان قاسىمغا بىر تەرەپلىمە، توغرىسى، خىتاي سىياسىتى
ئۈچۈن خىزمەت قىلغان شەخس سۈپىتىدە بۇرمىلاپ، ساختىلاشتۇرۇلغان باھالار
بېرىلدى.
سۆھبىتىمىزنى ئەخمەتجان قاسىمىغا بېغىشلىغان ئىكەنمىز، كۆپىنچە ئۇنىڭ پېئىل
ئېتىبارىنى، خىسلەت ـ پەزىلەتلىرىنىمۇ تىلغا ئالىمىز.
مەن ئەخمەتجان قاسىمنى ئەقىل ـ پاراسەتلىك، ئىنساپ ـ دىيانەتلىك جىددى بىر
ئىنسان سۈپىتىدە قاتتىق ھۆرمەتلەيمەن. ئۇ ھاياتقا، ئادەملەرگە، جەمئىيەتكە
بولغان مۇناسىۋىتىدە ۋەزمىن، ئېغىر بېسىق، مۇلاھىزىلىك، خۇش تەبىئەت،
ھالال، سەمىمى پەزىلەتلىرى بىلەن باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
تامامى ئەزالىرى ئۆزىگە ماس چۈشكەن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ۋەتەن، خەلق
ئالدىدا قىلغان ئىشلىرى ۋە ئىبرەتلىك ئۆمرى ئەۋلادلىرىغا ھەر زامان نەمۇنە
بولۇپ قالىدۇ. ھازىرقى ئەۋلادلار (1950ـ يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)
ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سىماسى، قىلغان خىزمەتلىرى، خۇلقى، ئەدەپ ـ ئەخلاقى ۋە
يۈرۈش ـ تۇرۇشى، ئومۇمەن مەنىۋى دۇنياسى ھەققىدە ناھايىتى ئاز بىلىدۇ،
بىلگەندىمۇ كىتابى مەلۇماتقا ئىگىدۇر.
ئەخمەتجان قاسىمى ئوتتۇرا بوي، جىسىملىرى چىرايلىق، مەلامەتلىك، چېھرىسى
بۇغداي رەڭ، كۆز ـ قاشلىرى ( ئوڭ كۆزى سەل پەل قىيسىق) تۇم قارا، قىسقا
بۇرۇتلۇق، تەبىئەتەن سېخى ئىنسان ئىدى. راست سۆزلەيدىغان، كىمدە كىم
سۆھبىتىگە مۇشەررەپ بولسا، دىدارىغا، سۆھبىتىگە، مۇنتەزىر بولۇپ قالىدىغان
مەپتۇنكار زات ئىدى. ئۇنىڭ ھەمىشەم دېگۈدەك كۈلۈپ تۇرىدىغان، شېئىر، غەزەل
ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان، چاقچاق، ھەزىلنى ياقتۇرىدىغان، ئۆمرىدە بىرەر
كىشىدىن شەخسى ئۆچ ئالمايدىغان زوكنالىقى ھەممىنى سەپكە تارتىپ، ئەگەشتۈرۈپ
ئالاتتى. ئۆتكەن ئىشلارغا بىئارام بولمايدىغان، ئۇتۇقلارغا شادلىنىپ
كەتمەيدىغان تەبىئىتى ئۇنىڭ رەھبەرلىك سالاھىيىتىنى نامايان قىلاتتى.
ئەخمەتجان قاسىمى نىشانغا بىخاتا بېرىپ تىگىدىغان سۆز ئۇستىسى، خائىن،
ساتقىن ئاغمىچىلارنى كۆرىدىغان كۆزى يوق، ھەقىقەت ۋە ئادالەت يولىدا
مەرتلىك كۆرسەتكەنلەرنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قەدىرلەيدىغان، بەغايەت
پاساھەتلىك، ھەقگوي رەھبەر ئىدى. ئۇ كادىرلارنى ئۆتكۈر زېھىن بىلەن
تاللايتتى. پازىللار، ئۆلىمالارغا غايەت ئىززەت ئېھتىرام كۆرسىتىپ سەيىيىدۇ
ـ شەرىپىلەرنى ئۆزىگە يېقىن تۇتاتتى. قۇرئان كەرىمدىن خېلىلا پىششىق
خەۋەردار ئىدى. كۆپ جايلاردا ئۆزى تىلاۋەت قىلاتتى. جۈمە نامازلىرىغا ئۆزى
ئاددى پۇقرا سۈپىتىدە قاتنىشاتتى. ئۇنىڭدا مال دۇنيا يىغىش، راھەت ـ
پاراغەتتە شاھانە ياشاش تۇيغۇلىرى مۇتلەقا يوق ئىدى. ئۇنىڭ شەخسى بايلىقى
پەقەت ئۆزىلا ئىدى. ماھىنۇر خانىم بىلەن تۇرمۇش قۇرغاندا بىر يوتقان ـ
كۆرپە، بىر قۇر كىيم ـ كېچەك تويلۇق بولغىنىنى ھەممە كىشى بىلەتتى. ماھىنۇر
خانىم ناھايىتى كەمبەغەل ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولغاچقا بارغا شۈكۈر قىلغان
ئىدى. بىر پارچە گىلەم، بىر پارچە كېگىز 3 ـ 4 يىشىك كىتاپ، كىچىك ئائىلىگە
يېتەرلىك ئىدىش ـ تاۋاق ياش ئائىلىنىڭ ئومۇمى مۈلكى ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمى
ئۆزىنى مېھنەتكەش خەلق خىزمەتكارى ھېساپلاپ، خەلق بىلەن ئىچ قويۇن، تاش
قويۇن بولۇپ ياشاۋىرەتتى. ئۇنىڭ ھەققىدە ھىكايەتلەر، رىۋايەتلەر،
لەتىپىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى.
مىللىي، مەدەنىي، تارىخىي، پەلسەپەۋى ۋە دىنى ئەنئەنىلەرگە سادىق بولۇش،
دېھقان، ھۈنەرۋەن، چارۋىدار ۋە كاسىپلارنىڭ تەلەپ، ئارزۇلىرىنى
ئىپادىلەيدىغان دەستۈرلەر ئىشلەپ چىقىش، ئۇلارنىڭ مەنىۋى ھاياتى مەملىكەت
تەرەققىياتى بىلەن مۇستەھكەم باغلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشتە ئۇ ھەمىشەم
يېتەكچى ۋە بايراقدار ئىدى.
ئەخمەتجان قاسىمى 1948 ـ يىلى 1 ـ ئاۋغۇستتا «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە
خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» نى قۇرۇپ، ئۇنىڭ دەستۇرىدە
ئىنسانپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئارا دوستلۇق ئىزگۈ تۇيغۇلىرى مۇھۇرلەنگەن
ئىدى. ئەنئەنىۋى قەدىرىيەتلەرنى ئۇلۇغلاش، ئۆز ئارا ھۆرمەت، دوستلارنى
قەدىرلەش، مەرھۇملارنى خاتىرلەشتەك غايىلار بىلەن باغلىق بولغان ئۇلۇغ
مۇقەددەس ۋەزىپىلەر ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئاساسىي مەقسىدى بولغان ئىدى.
«ئىتتىپاق» بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، يېزىقى،
مەدەنىيىتى، ئەدىبىيات ـ سەنئىتى، فولىكلورى، مائارىپى، ـ ئومۇمەن شانۇ ـ
شۆھرىتىنى تەرىپ ۋە تەۋسىپلەيدىغان، كەڭ پىلاندا يورىتىدىغان ماقالىلارنى
نەشىر قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىستېداد ساھىبلىرىنىڭ ئىجادىي نىيەتلىرىنى
قوللاش خەلق ئىجادىنى توپلاش، كلاسسىك ئەدەبىياتنى ئېلان قىلىش يولىدا
ئىشەنچىلىك قەدەم تاشلاپ چوڭ پائالىيەت كۆرسەتتى. خەلقنى ياۋۇزلۇققا،
بۇزغۇنچىلىققا قارشى كۈرەشكە، ئۇيغۇرىستاننى جېدەل ـ ماجىرالاردىن، ئۇرۇش ـ
تالاشلاردىن پۈتۈنلەي خالىي ئەركىن باشقۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. ئىچكى ـ تاشقى
ۋەزىيەتنى، سىياسىي ئىختىلاپلارنى جىددى كۈزىتىپ دېموكراتىك ئىسلاھاتلارغا،
ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەنىۋى ساھەلەردىكى ئۆزگىرىشلەرگە بىۋاستە رەھبەرلىك
قىلدى.
ئەخمەتجان قاسىمى ئۇيغۇرىستان خەلقلىرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، پەلسەپەۋىي
پىكىر تارىخىدا ئۆزىگە خاس دەۋر ياراتقان، ئىستىبدات تۈزۈمنىڭ زۇلۇملىرىغا
زەربە بېرىپ خەلق سۆيگەن رەھبەر سۈپىتىدە شۆھرەت قازانغان ئىدى.
ئۇيغۇرىستان، بولۇپمۇ ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىي
يۈكسېلىشىگە، ھەربىي مەسىلىلەرنىڭ قارار تېپىشىغا پۈتۈن كۈچ، ئىستېدادىنى
سەرىپ قىلغان ئەخمەتجان قاسىمى ئازاتلىق، مۇستەقىللىق، پاراۋانلىق
تۇرمۇشنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەرگىنى ئۈچۈن خەلقنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشاپ
كەلدى.
تارىخنى خەلق يارىتىدۇ، دېيىشىدۇ. بۇ توغرا. ئەمما ئايرىم شەخسلەر خەلق
تارىخىنىڭ رەمزى بولۇپ قېلىشىمۇ ھەقىقەتتۇر. ئەخمەتجان قاسىمى ئەنە شۇنداق
رەمزى چۈشەنچىگە ئىگەدۇر. ئەخمەتجان قاسىمنىڭ نامى ئۇيغۇرلار ئېلىدە بىر
پۈتۈن شانلىق مەرتلىك كۈرەش سەھىپىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.
تالانتلىق شائىر رەھىم قاسىم ئەخمەتجان قاسىمىغا بېغىشلىغان «يۇلتۇزلۇق
كېچە» ناملىق داستانىدا شۇنداق تەرەننۇم ئېيتىدۇ:
ئويلىساق نەقەدەر ئۇلۇغ ئىنسان بۇ،
خەلقىگە مۇھەببىتى دېڭىزدەك چوڭقۇر.
نەزەر دائىرىسى ئاسماندىنمۇ كەڭ،
پاراسەت تەدبىرى ئالماستىن ئۆتكۈر.
جۈرئىتى بورانغا كۆكرەك كىرگەن تاغ،
غەيرىتى بۇلۇتنى يارغان ئوت ـ چاقماق.
سۈرئىتى ئاۋازدىن ئىتتىك ئۇچقان نۇر.
قۇدرىتى تۈنلەرنى يورۇتقان چىراق،
سۆزلىرى باسىدۇ تارازىنى چىڭ،
ھەركىمنى ئۆزىگە قىلىدۇ قايىل.
سىياقى ماگىنىتتەك تارتار كىشىنى،
بىر كۆرگەن ئۇنىڭغا بولىدۇ مايىل.
ئاۋازى باھارنىڭ ئىللىق شامىلى،
بېقىشى يېقىملىق نۇر چاچقان قۇياش.
كىم بولسا ھەمسۆھبەت بىر دەقىقىلا،
تاپقاندەك بولىدۇ ئۆمۈرلۈك سىرداش.
شائىر پەلسەپەۋى كونسىپىيەسىدە شەخسنىڭ ئەركىنلىكى، جاسارىتى، دادىل
كۆرىشى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى يولىدىكى ئەقىل - ئىدرىكى ۋە ئۇلۇغ
تەدبىركارلىقىنى باش پىلانغا قويىدۇ.
داستاننىڭ مەركىزى ئىنكاس ئوبيېكتى بولغان ئىنسان ـ ئەخمەتجان قاسىمىدۇر.
داستاندىكى ئىتىك ـ ئېستىتىك ئىدىئال ـ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ شەخسى ھالىتى،
ھاياتى ۋە ئىجادى كۈرەش يولىنىڭ ئومۇمى ھالىتىنى يۈكسەك ماھارەت بىلەن
تەسۋىرلەپ، ئۇنى خەلقنىڭ ئوت يۈرەك پەرزەنتىگە بولغان چوڭقۇر مېھرى -
مۇھەببىتى بىلەن يورۇتۇپ، ياڭراق ناخشا بىلەن مەدھىيە ئوقۇيدۇ.
ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق مىللىي رەھبەرلىرىمىز قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن،
تەختكە ئۆز - ئۆزىدىن سىلىققىنا، ھېچبىر قارار ئېلان قىلىنماي، خىتاي
رەھبەرلىكىنىڭ رەھنەمالىكىدە سەيپىدىن ئولتۇردى. قورچاق ھۆكۈمەت رەئىسى
بۇرھان شەھىدى ئېتىرازسىز ئورۇننى بوشۇتۇپ بەردى. سەيپىدىن ئۇيغۇرىستانغا
ماۋزېدوڭ ئارمىيەسىنىڭ توسالغۇسىز كىرىشى ئۈچۈن ئىشىكنى كەڭ ئېچىپ بەردى.
ئۇستا ھىيلىگەر، قۇۋ تۈلگە ۋاڭجىنغا ھەممە ھوقۇقنى (باش سېكىرتارلىقنى)
پەتنۇسلاپ بەرگەن سەيپىدىن ئۆلكىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى مۇستەھكەم
ئىگەللىدى. گېنېرال ۋاڭجىن مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىمىزگە قارىتا كورپۇس
تۈزۈمىنى قوللىنىپ، كومىسسارلىق سىستېما دېگەن نىقابلار بىلەن پارچىلاپ
تاشلىدى ۋە تارقىتىۋەتتى. مىللىي ئارمىيە سەركەردىلىرى، ئوفىتسىرلىرىغا
قارىتا كەسىپ ئالماشتۇرۇش باھانىسىنى قوللىنىپ مەمۇرىي خىزمەتلەرگە تەقسىم
قىلدى. ماۋزېدوڭ ئارمىيەسىنىڭ «غەربىي ئۆلكىنى گۈللەندۈرىمىز» شۇئارى
ئەمەلىيەتتە ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي باسقۇنچىلىق بولدى. ئۇيغۇرىستاننى
شەپقەتسىز تالاش، مېھنەتكەش خەلقنى ھوقۇقسىزلاندۇرۇپ مەنىۋى ئىزىش، ئەينى
ۋاقىتتا يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىمىزنى خىتايغا توشۇش ۋە ئاساسلىق
يەر ئاستى بايلىقلىرىمىزدىن نېفىت، تاشكۆمۈر، ئالتۇن، مىس، قوغۇشۇن،
ۋولفروم ۋە باشقا مەدەنلەرنى كۆپلەپ قېزىۋېلىشنى تۈپ نىشان قىلدى.
دەسلەپ «يەر ئىسلاھاتى» نى ئېلىپ بېرىپ «پومىشچىك»، «باي دېھقان»، «زالىم
يەر ئىگىسى» دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن ئاتىنى بالىغا، بالىنى ئاتىغا قارشى
كۈرەشكە سېلىپ، دېھقانلارنى، ھۈنەرۋەن كاسىپلارنى، ھەتتا زىيالىلارنى
قىرغىن قىلدى. بىرلا ۋاقىتتا «پانتۈركىست»،« پانئىسلامىست»، «ئىنقىلابقا
قارشى ئۇنسۇر»، «بۇزۇق ئۇنسۇر» لارغا قارشى «كۈرەش» ئۇيۇشتۇرۇپ، بىگۇناھ
خەلقنى ئاشكارا خورلىدى. سانسىز كىشىلەرنى ئېتىپ تاشلىدى. «ئۈچكە
قارشى ھەرىكەت»، «بەشكە قارشى ھەرىكەت» دېگەن تەكشۈرۈشلەرنى جارى قىلىشىپ
خەلق مال - مۈلكىنى خالىغانچە بۇلاپ تالىدى. زىيالىلار تەھقىرلەندى،
خورلاندى، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ئەسەبىي كۈرەشلەر بىلەن مېھنەتكەش خەلقنى
ئېتىقاتتىن، دىندىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئىمانسىز ياشاشقا دەۋەت قىلدى. مىللىي
ئۆرپ - ئادەتلەر پۈتۈنلەي دەپسەندە قىلىندى. «خۇفىڭغا قارشى تۇرۇش» دېگەن
بەتنام شۇئار ئاستىدا، خۇفىڭ يەتتە ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغان مىڭلىغان
زىيالىلارنى مەنىۋى ئازابلىدى.
«ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلسۇن» دېگەن ھىيلە - نەيرەڭلىك يول بىلەن «سايراپ
ئېچىلىش» قەبىھ ھەرىكەتنى باشلىدى. زىيالىلارنى بىر - بىرىگە قارشى قويۇپ،
كۈچكۈرتۈپ، (مۇناپىقلارنى تەربىيلەش يولى ئارقىلىق ) كۆپلىگەن مەسئۇل
خادىملارنى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەربابلىرىنى، ئومۇمى كادىرلارنى «ئوڭچى»،
«يەرلىك مىللەتچى»، «ئىمپىريالىزم قۇيرۇقى»، « بۇزۇق ئۇنسۇر»، « بۆلگۈنچى»
دېگەن قالپاقلار بىلەن ئىنسانىي ۋە ۋىژدانىي ئەركىنلىكىنى بوغۇپ تاشلىدى،
تەھقىرلىدى. سوت ـ سوراقسىز جىسمانىي ئازابلار بىلەن قىينىدى. يېزىلارغا
چۈشۈرۈپ، قاتتىق مېھنەت قىلىشقا مەجبۇرلىدى، كۆپلىرىنى نابۇت قىلدى.
ۋەقەنىڭ پاجىئەلىك راۋاجى خىتاينىڭ تىلى ۋە يېزىقىنى ھاكىمىيەت تىلى ۋە
يېزىقىغا ئايلاندۇردى. مەھەللىدىن تا ئۆلكە رەھبەرلىكىگىچە بولغان مەمۇرىي،
ھەربىي باشقۇرۇشلار پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇلدى. گومىنداڭچىلار ھەتتا
زوزوڭتاڭچىلار ئۇيغۇرىستاننى بېسىۋېلىپ بايلىقلىرىمىزنى بۇلاپ تالىغان،
ئوغۇرلىغان بولسا، گوڭسەنداڭچىلار (ماۋزېدوڭچىلار) ئاڭنى زەھەرلەپ،
ۋىژداننى، ئېتىقادنى تەئقىبلەپ، خەلقنى تارىختىن ئۈزۈلگەن ھالغا كەلتۈردى
ۋە ھۆكۈمرانلىق تەرتىۋىنى بىمالال جارى قىلدۇردى. مەھەللىي خەلقنىڭ باش
كىيىمىنى خىتايچە شەپكىگە ئالماشتۇردى. كاستىيوم كەيگەنلەرنى « بۇرژۇئا »
دەپ ھاقارەتلەپ 4 يانچۇقلۇق قارا چاپان كېيىشكە مەجبۇرلىدى. «ۋاھ دەرىخا!»،
«ئاھ ئۇرارمەن» قاتارلىق كلاسسىك ناخشىلارنى ئېيتقانلارنى « بۇزغۇنچى»،
«بۆلگۈنچى»، «تەتۈر تەشۋىقاتچى»، «جاھالەتپەرەست»، « پارتىيىگە قارشى
ئۇنسۇر»، « پانتۈركىست» دەپ جازالىدى.
قانلىق جىنايەت بىلەن تولغان شۇم «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدە (1966 ـ
1976 ) ھارامزادىلەرنى ئىشقا سېلىپ ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ ئەسەبىي
ھالدا تارىخ ۋە مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى بىلەن نۇرغۇن ۋەيرانچىلىقلارنى
پەيدا قىلدى.
ئاياللارنىڭ چېچى، ئەركەكلەرنىڭ ساقىلى كېسىپ تاشلاندى. زىيالىلارنى،
كاسىپلارنى، دىھقانلارنى تىرىك پېتى يەرگە كۆمۈپ قىينىدى. مىڭلىغان
زىيالىلارنى تۈرمىگە تاشلاپ، تارىختا كۆرۈلمىگەن جازالار بىلەن ئازابلىدى.
ھەتتا تېرىسىنى شىلدى ۋە توپ - توپى بىلەن ئېتىپ تاشلىدى. مانا شۇ ھالدا
ماۋزېدوڭچىلار نېمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلدى. قانۇن - قائىدە دېگەنلەرنى
قىلچىمۇ ئويلاپ قويمىدى. مىللىي مۇناپىقلارنى ئىشقا سېلىپ ئومۇمىي
قىرغىنچىلىقنى بولىشىچە ئېلىپ باردى. مىللىي مۇناپىقلار ماۋزېدوڭنىڭ
غايىسىنى چۈشىنىپ ـ چۈشەنمەي، ئىختىيار ـ بىئىختىيار ساداقەتلىك بىلدۈرسە،
ئۇ ساۋاتلىق بولسۇن بولمىسۇن مەنسەپ، ئابرۇي قازاندى، مۇكاپاتلاندى.
رەئىسلىك، گېنېراللىق، ۋالىيلىق، ھاكىملىق قاتارلىق مەنسەپلەرگە
ئۆستۈرۈلدى. خىتايلار يەككە ھاكىملىقنى (ئېيتايلۇق، ۋاڭ ئېنماۋغا چوقۇنۇپ
ئىش كۆرۈشنى) جارى قىلدى. نەتىجىدە ماددىي - مەنىۋى، تارىخىي تەبىئىي
بايلىقلار ئاشكارا بۇلاڭ - تالاڭ قىلىندى. ئالتۇن، كۈمۈش، نىفىت، ئاشلىق ۋە
سانائەت خام ئەشيالىرى ئوچۇقتىن ـ ئۇچۇق خىتايغا توشۇلىۋەردى. ئازدۇر ـ
كۆپتۇر ماددىي مەنپەئەت كۆرگەن، مەنسەپكە ئېرىشكەن مىللىي رەھبەرلەر
(خىتايلارنىڭ ئورۇن باسارلىرى) بۇلاڭ - تالاڭنى كۆرمەسكە سالدى. ۋاڭ ئېنماۋ
مىلياردىر بولدى، ئۇنىڭ ئوغلى مىليونىر بولدى.
باسقۇچمۇ باسقۇچ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان سىياسىي كومپانىيەلەر مىللىي
زىيالىلارنى پۈتۈنلەي چەتكە قاقتى، ھوقۇقسىزلاندۇردى. مىڭلىغان زىيالىلار،
دېھقانلار، كاسىپلار، چارۋىچىلار ۋەتەننى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، سوۋېت
ئىتتىپاقىدىن، ئافغانىستاندىن، تۈركىيەدىن ھەتتا ئاۋۇستىرالىيەدىن سىياسىي
پاناھلىق ئېلىشتى.
زەنجىربەند ئۆلكىگە ئايلاندۇرۇلغان ئۇيغۇرىستان بۇرنىدىن ماڭقىسى ئېقىپ
تۇرىدىغان ناكەسلەرنىڭ دەردىنى بولۇشچە تارتتى. مىللىي مەدەنىيەت
يېمىرىلدى، نادىر قول يازمىلار، دەستە خەتلەر، سەنئەت نەمۇنىلىرى
كۆيدۈرۈلۈپ يوق قىلىندى.
يېزىلار، ناھىيەلەر خارابىغا ئايلاندۇرۇلدى، خىتايلاشتۇرۇلدى. خەلقنىڭ دىلى
قاتتىق داغلاندى. ئەمما، بۈگۈنكى ئۇيغۇرىستان خەلقلىرى قايسى تەرەپكە يول
ئاچسا شۇ تەرەپكە ئاقىدىغان ساكىن قارا سۇ ئەمەس ئىدى. قولىغا يەلپۈگۈچ
تۇتۇپ « ھە، ھە» دەپ تۇرغان سەيپىدىنگە قارشى نارازىلىق ئاشكارا مەيدانغا
چىقتى. ۋاڭ ئېنماۋ شۆلگىيىنى ئېقىتىپ ھوزۇرلىنىدىغان پۇرسەتتىن
چەتلەشتۈرۈلدى. جەۋرى - جاپالار، ھەقسىز ـ ھوقۇقسىزلىقلارنىڭ دەھشىتىنى
باشتىن كەچۈرگەن خەلقنىڭ قۇدرەتلىك دولقۇنى ئۆركەشلەپ، ۋەتەن پۇقراسى
سۈپىتىدە ئەخلەت - چاۋالارنى قىرغاقتىن ھالقىتىپ تاشلايدىغان كۈچ بولۇپ
ئۇيۇشۇپ، لەنىتى باسقۇنچىلارنى تەھلىكىگە سېلىپ قويدى. ـ ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ
بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن خەلق قوزغىلىڭى قانلىق باستۇرۇلغان بولسىمۇ،
ئىجتىمائىي ئاڭنى ئويغىتىۋەتتى. جاڭ زېمىن، لى فېڭ، ۋاڭ ئېنماۋ، سوڭ
خەنلىياڭلار قانچە ۋايسىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار قاتارلىق ئۈچ كىتابنىڭ
تارىخى ماتېرياللىرىدىن 100 تۈرلۈك خاتالىقنى تاپقان چىن خۇا، ئۇيغۇر
سايرانى، شۈي بوفۇ، چىيەن بوچۈئەنلەر تارىخنى ساختىلاشتۇرۇشقا پۈتۈن
ئىقتىدارىنى ئىشقا سالغان بولسىمۇ، ھەقىقەت بەرىبىر ھەقىقەتلىگىچە قالدى،
خەلق ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى.
بىز بۇ سۆھبىتىمىزدە پارلاق بەشەرىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ھېساپلانغان
ئۇيغۇرىستان تارىخىدىكى بىر قانخورلۇق توغرىسدىكى شۈبھەلىرىمىزنى قىسقىچە
بايان قىلىپ بەردۇق. قولىمىزدا بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغان ئەينى
ھۆججەتلەر (سوراق دېلولىرى) بولمىغانلىقى ئۈچۈن كەسكىن ھۆكۈمنى بايان
قىلالمىدۇق. ئەمما ئىشەنچىمىز كامىلكى، شۈبھەمىزنىڭ ھەقىقىتى ئاشكارا
بولىدىغان زامان ھامان كېلىدۇ! ئىنشا ئاللاھ ... بۇ ماۋزۇغا يەنە قايتىمىز.
ئېيتماقچىمىزكى، قاتىللىق قۇربانلىرى ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبەگ،
دەلىلقان، غېنى، ئابدۇرىشىت ۋە ئوسمانجانلار ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىق
يولىدىكى كۈرەشنىڭ يارقىن تىمسالى سۈپىتىدە تارىخىمىزدا ئەبىدىلئەبەت ياشاپ
قالىدۇ. ئۇلار چاچقان ئۇرۇق مول ھوسۇل بېرىدۇ.
شۇنداق!
ھەرخىل پەرەزلەر، تەخمىنلەر ۋە شۈبھىلەر ئىنتىھايىغا يەتتى. ئۇيغۇرىستاننى
ھېمىشەم ئويلاندۇرۇپ، تەشۋىشكە، تەھلىكىگە سېلىپ، ۋەتەننىڭ ھەرقايسى يېزا،
قىشلاقلىرىغىچە تارقىلىپ، ئېغىزدىن ـ ئېغىزغا ئۆتۈپ، تۇيغۇلارنى
دولقۇنلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاجايىپ - غارايىپ تارىخىي قانخورلۇقنىڭ سىر -
ئەسرارى تولۇقى بىلەن پاش بولماي قالمايدۇ. كۈتۈلمىگەن خەتەردىن ئاگاھ
بولۇش يۈزىسىدىن ئۇ قانخورلۇقنى ئۆز ۋاقتىدا ئېنىقلاش، پاش قىلىش، ئەسلا
مۈمكىن ئەمەستى. مەن تارىخچى ياكى تەتقىقاتچى سۈپىتىدە ئەمەس، ئاددىي بىر
زىيالى قەلەمكەش ئورنىدا سەيپىدىننىڭ ساختىپەزلىكلىرىنى پاش قىلىش
مەقسىتىدە قەلەم تەۋرەتتىم ۋە خەلقىمىز ئۆز تارىخىنى بىلسۇن، مىللىي
رەھبەرلەرنىڭ تەقدىرىدىن خەۋەر تاپسۇن، سىياسىي سالاھىيىتىنى چۈشەنسۇن،
دېگەن نىيەتتە پىكىر يۈرگۈزدۈم. بىز مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىنىڭ
رەھبەرلىرىنى خاتىرلەيدىكەنمىز، بۇ خاتىرە ۋەتەن ئۈچۈن ئۇ پىدائىي ۋە
جاسارەتلىك ئەۋلادلارنىڭ ئارزۇ تىلەكلىرىنى، چۈشەنچە، مۇددىئالىرىنى
كېڭەيتىشتە قەدىر ئەھۋال پايدىسى تەگسە، ئەينى مۇددىئايىمىز دەپ بىلىمىز.
مىللىي رەھبەرلىرىمىزنىڭ روھلىرى سىز ئوقۇغۇچۇمغا ھەمىشەم يار بولغاي!
ئاسىم باقى ئوغلى
(فىلىلوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى)
ئۆزبېكىستان، تاشكەنت شەھىرى
چىلانزار ناھىيىسى 16ـ كىۋارتال، 28 ـ ئۆي، 19 ـ خانىدان
1991 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى |