|
ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل ئىمپېريىسىدە
ئوينىغان رولى
تۇرغۇن ئالماس
چىڭگىزخان (مىلادىنىڭ 1206 -
يىلىدىن 1227 - يىلىغىچە قاغان بولغان) ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئوكتاي خان
(1228-1241)، گويۇك خان (1246-1248) مۇنىكى خان (1251-1259) نىڭ ۋاقتىدا (مىلادىنىڭ
1206- يىلىدىن 1259- يىلىغىچە) شەرقتە تىنچ ئوكياندىن تارتىپ غەربتە دوناي
دەرياسىنىڭ دېڭىزىغا قۇيۇلىدىغان جايغىچە ۋە شىمالدا سىبىرىيە دالالىرىدىن
تارتىپ جەنۇبتا كىچىك ئاسىياغىچە بولغان نۇرغۇنلىغان يەرلەرنى ئىگىلەپ،
تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.
مانا شۇنداق ئۇلۇغ ئىمپېرىيىنى
قۇرغان موڭغۇللار خېلىلا قالاق ئىدى. ئۇلار دەسلەپ شەرقىي ئاسىيانىڭ
دالالىرىدا، ئورمانلىقلىرىدا، چۆللىرىدە ياشايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار
يايلاق ۋە ئورمانلىق رايونلارنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مەركىزىي ۋە تايانچ
جايى قىلىشقانىدى. مۇنداق ئەھۋال مونكى خان موڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە قاغان
بولغىچە (1251- يىلىغىچە) داۋام قىلىدى.
موڭغۇللار ناھايىتى قالاق بولۇشىغا
قارىماي جەڭگىۋار، باتۇر خىسلەتكە ۋە بەكمۇ چىڭ ھەربىي ئىنتىزامغا شەرتىسز
بويسۇنىدىغان ئادەتكە ئىگە ئىدى. دالىدا، چۆل ـ باياۋاندا، قاتتىق تەبىئىي
شارائىتتا ھايات كەچۈرۈش، چارۋا ماللارنى قىرغىنغا ئۇچرىتىدىغان، دائىم
بولۇپ تۇرىدىغان تەبىئىي ئاپەتلەر (قارنىڭ قېلىن يېغىشى، قۇرغاقچىلىق
يىللىرى، ئوت ـ چۆپنىڭ ئۈنمەسلىكى)، دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرى موڭغۇللارنى
قىيىنچىلىققا چىدايدىغان، ئىنتىزامغا بويسۇنىدىغان ئادەتكە ئۆگەتكەنىدى.
موڭغۇللاردا قەبىلىۋى مۇناسىۋەت ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە
موڭغۇللار چىڭگىزخاندەك ساۋاتسىز بولسىمۇ، ناھايىتى ئەقىللىق، ھۇشيار،
بەكمۇ ھىلىگەر، ئادەتتىن تاشقىرى تەشكىلاتچىلىق قابىلىيىتىگە ئىگە، كارامەت
قەھرىماننىڭ يېتەكچىلىكىگە ئىگە ئىدى.
چىڭگىزخان موڭغۇل قەبىللىرىنى
بىرلەشتۈرۈپ ئۇلۇغ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇشقا بەل باغلىغاندىن تارتىپ،
قابىلىيەتلىك، بىلىملىك، ئەقىللىق كىشىلەرنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاشقا پۈتۈن
ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشكەنىدى.
دەل شۇ چاغدا شەرق ۋە ئوتتۇرا
ئاسىيادا مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار ئىدى. چىڭگىزخان
ئالتايلىق، بەشبالىقلىق، تۇرپانلىق، قاراشەھەرلىك، قەشقەرلىك، خوتەنلىك
ئۇيغۇرلاردىن يۈزلىگەن، مىڭلىغان قابىل كىشىلەرنى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ
ئىچكى، تاشقى چوڭ، مۇھىم ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا جەلپ قىلغانىدى.
چىڭگىزخاننىڭ ئەڭ قابىلىيەتلىك باش ۋەزىرى قىتان شاھزادىسى يىلوچۇساي
كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىڭگىزخانغا مۇنداق دېگەنىدى: «ئوقيا ياسايدىغان ئۇستا
كېرەك بولغاندەك جاھاننى سوراشنى بىلىدىغان ئۇستا كېرەك»([1]).
ئۇيغۇرلاردىن موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ
دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا جەلپ قىلىنغان كىشىلەر تەجرىبىلىك سىياسيونلار،
ھۇشيار، ئۇستا دىپلوماتلار، ئۇرۇش سەنئىتىنىڭ ئەڭ نازۇك سىرلىرىنى
بىلىدىغان ھەربىي ستراتېگىيىلەر، تاكىتىكىلەر، ھەربىي تېخنىكلار، چىداملىق،
قەيسەر سەيياھلەر، دېڭىزچىلار، قۇرۇلۇش ئىنژېنېرلىرى، ئىلىم ـ پەنگە توشۇق
ئالىملار، تۈرلۈك ئەللەرنىڭ تىلىنى بىلىدىغان تىلماچلا، شائىرلار،
تارىخچىلار، خەتتاتلار، رەسساملار، مۇزىكانتلاردىن ئىبارەت ئىدى.
چىڭگىزخان بىرىنچى قەدەمدە موڭغۇل
قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ كۈچ توپلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شىمال (شەرقىي
سىبېرىيە) ۋە غەرب (شەرقىي ئالتاي) دىكى تۈركى قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرغانىدى.
چىڭگىزخان مىلادى 1204 - يىلى
ئالتايدىكى نايمان خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغان، نايمان خانى ئىنانچ بىلگە
خاننىڭ ئوغلى تايانخان چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. شۇ چاغدا
تايانخاننىڭ ئۇستازى ۋە تامغىچىسى ئۇيغۇر تاتاتۇڭا چىڭگىزخانننىڭ قولىغا
چۈشۈپ كەتكەن.
چىڭگىزخان تاتا تۇڭانىڭ تەكلىپىنى
قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت يېزىقى قىلىپ
بېكىتتى. ئۇندىن بۇرۇن موڭغۇللاردا يېزىق يوق ئىدى. چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى
ۋە باشقا موڭغۇل بەگلىرىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىشى زۆرۈر شەرتلەرنىڭ
بىرىگە ئايلاندى. تاتا توڭا چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرىغا ئۇستاز بولۇپ
تەيىنلەندى. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قانۇنلىرى، يارلىقلىرى ئۇيغۇر يېزىقى
بىلەن موڭغۇل تىلىدا يېزىلدى. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى
بولغان ئىلخانىلار (مىلادىنىڭ 1258 - يىلىدىن 1335 - يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)
نىڭ ئالاقىلىرى ئۇيغۇر، پارىسچە يېزىقتا يېزىلغان بولسا، چاغاتاي خانلىقى
(1231- 1370) بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقى (1227 - 1502) دا بولسا رەسمىي
دۆلەت تىلى، يېزىقى ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر يېزىقى ئىدى. چاغاتاي خانلىقى
بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىكى موڭغۇللار، ئۇيغۇرلار، تاتارلار، قىپچاقلار
تەرىپىدىن ئاسسىملاتسىيە قىلىنىپ، تۈركلىشىپ، ئېتىقاد جەھەتتىن ئىسلام
دىنىغا كىرگەنىدى. موڭغۇل خانلىرى ئارىسىدىكى ئورتاق تىل، موڭغۇل بەگلىرى
ئارىسىدىكى ئەدەبىي تىل، رەسمىي سىياسىي ئالاقىلەردە قوللىنىلىدىغان تىل
ئۇيغۇر تىلى ئىدى.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ خانى
بائورچوق ئارتىكىن مىلادىنىڭ 1210 - يىلى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرۇلۇن
دەرياسى بويىدىكى ئوردىسىغا بېرىپ چىڭگىزخاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن،
بەشبالىقلىق (ھازىرقى جىمسار ئەتراپىدا) ئۇيغۇرلىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەر
موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا جەلپ قىلىندى.
چىڭگىزخان مىلادى 1206 - يىلى قاغان
بولغاندىن باشلاپ سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرىنى باشلىدى.
چىڭگىزخاننىڭ ئوردىسىغا توپلانغان ئۇيغۇر ھەربىي ئالىملىرى چىڭگىزخاننىڭ
مىلادى 1215 - يىلى جورجىت خانلىقى (1115 - 1234) غا قىلغان يۈرۈشلىرىدە
ھەربىي مەسلىھەتچى سۈپىتىدە قاتناشقاندىن تاشقىرى، چىڭگىزخاننىڭ مىلادى
1219 - يىلىدىن 1225 - يىلىغىچە داۋام قىلغان غەرب ۋە شەرققە قىلغان
يۈرۈشلرىگىمۇ ھەربىي مەسلىھەتچى بولۇپ بارغانىدى.
چىڭگىزخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن،
ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، نەۋرىلىرىنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇشىغا يەنە نۇرغۇنلىغان
ئۇيغۇرلار جەلپ قىلىندى.
چىڭگىزخاننىڭ غەربكە قىلغان ھەربىي
يۈرۈشىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ئەڭ مەشھۇرلىرى بولغان توراقايا،
بۇلادقاپا قاتارلىقلار توغرىسىدا بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلىش يېتەرلىك.
توراقايا بەشبالىقلىق ئۇيغۇر بولۇپ،
ھەربىي ستراتېگىيە ۋە تاكتىكىنى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە قوللىنىشقا ناھايىتى
ئۇستا ئىدى. توراقايا چىڭگىزخاننىڭ ئۇلۇغ خارزىم شاھ دۆلىتىگە قىلغان
يۈرۈشىگە قاتناشقان ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئىچىدە ناھايىتى قابىلىيەتلىك
ھەربىي ئالىملاردىن ئىدى. بۇلادقايا بولسا چىڭگىزخاننىڭ غەربكە قىلغان
يۈرۈشىگە قاتناشقان. ئۇ كېيىن چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى تولىخاننىڭ ئورۇنباسارى
بولغان. بەشبالىقلىق بۇلادقايا، چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1215 - يىل بېسىپ
ئالغان خۇڭدو (جورجىت خانلىقىنىڭ پايتەختى) غا ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئەلچى ۋە
نازارەتچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن (مىلادىنىڭ 1215 - يىلىدىن
1223- يىلىغىچە) جۇڭدودىكى باش ۋالىي موڭغۇل سەركەردىسى موغالى ئىدى.
موغالى مىلادىنىڭ 1223 - يىل ئۆلگەندىن كېيىن، جوڭدوغا بۇلادقايا
ئەۋەتىلگەن. بۇلادقايا جوڭدودا تۇرغان مەزگىلدە شىمالىي جۇڭگۇغا موڭغۇللار
نامىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان. شۇ چاغدا جەنۇبىي جۇڭگۇ جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى
(1227 -1279) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى.
موڭغۇللار مىلادى 1279 - يىلى
جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، تولىيخاننىڭ ئوغلى
قوبلايخان 87 يىل ھۆكۈم سۈرگەن يەن سۇلالىسى (1279 - 1368)نى قورغان،
ئۇيغۇرلار مانا شۇ يەن سۇلالىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھوقۇقلىرىنى ئىگىلەپ ئالغان.
قوبلايخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى
دەۋرىگىچە (1279 - 1368) ئۇيغۇرلاردىن لەنششەن (مىلادىنىڭ 1231 - يىل
تۇغۇلۇپ، 1280 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، ساڭگا(؟ - 1291)، ئەھمەت (مىلادىنىڭ
1282 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن، (ئەلىيمغىش (مىلادىنىڭ 1320 - ئالەمدىن
ئۆتكەن)، مەڭگوتىكىن (13 – ئەسىرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن)، شيبان (مىلادىنىڭ
1197 - يىلى تۇغۇلۇپ، 1276 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، موڭسۇر (13 -
ئەسىرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن)، ئەختەرىددىن (13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن)
قاتارلىق ئۇيغۇرلار خان بالىقتا (ھازىرقى بېيجىڭدا) ناھايىتى مۇھىم
ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاددىيلىقى،
كەمتەرلىكى، خەلقپەرۋەرلىكى، قابىللىقى بىلەن شۆھرەت قازانغان لەنششەن،
موڭسۇر، مەڭگوتىكىن، شيبان، ئەل يىغمىش، ئەختەرىدىن قاتارلىقلار توغرىسىدا
قىسقىچە چۈشەنچە بېرىش كېرەك.
لەنششەن مىلادىنىڭ 1231 - يىلى
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ پايتەختى بەشبالىقتا تۇغۇلغان. ئۇيغۇر
قوبلايخاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولغان، مىلادىنىڭ 1259 - يىلى مونكى قاغان
ئالەمەمدىن ئۆتكەن، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قارا قۇرۇمنى ساقلاشقا
تەيىن قىلىنغا ئارىغ بوقا (قوبلەيخاننىڭ ئۇكىسى) پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،
قارا قۇرۇمدا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قاغانلىق ئورنىنى
تارتىپ ئالماقچى بولىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق جىددىيلەشكەندە، قوبلايخان
مىلادىنىڭ 1260 - يىلى لەنششەننىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەت قاغان سايلاشتىكى
ئەنئەنىسىگە خىلاپ ھالدا كەيفىندە ئۆزىنى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قاغانى دەپ
جاكارلايدۇ.
شۇندىن باشلاپ قوبلايخان بىلەن
ئارىغ بوقا ئارىسىدا قانلىق ئۇرۇشلار يۈز بېرىدۇ. قوبلايخان ئارىغ بوقانى
تار ـ مار كەلتۈرۈپ، قارا قۇرۇمنى ئىگىلەپ ئالىدۇ، مىلادىنىڭ 1264 - يىلى
ئارىغ بوقا قوبلايخانغا تەسلىم بولىدۇ.
موڭغۇللار مىلادى 1279 - يىلى پۈتۈن
جۇڭگۇنى بېسىپ ئالغاندىن كېيىن، قوبلايخان يەن سۇلالىسىغا خان بولۇپ،
بېيجىڭنى پايتەخت قىلىدۇ. لەنششەن شۇندىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە
قوبلايخانغا باش ۋەزىر بولىدۇ.
مەڭسۇر قوبلايخاننىڭ ئەڭ يېقىن
مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى ئىدى. قوبلايخان ئۇنى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەندە،
باش ۋەزىرلىكنى قوبۇل قىلمىغان. مەڭسۇر ناھايىتى ئەقىللىق، بەكمۇ بىلىملىك
ئادەم ئىدى.
مەڭگۇتىكىن بولسا قوبلايخاننىڭ
ئۇستازى ئىدى، قوبلايخان ئۇنىڭ تەربىيىسى نەتىجىسىدە، موڭغۇلچە، ئۇيغۇرچە،
خەنزۇچە، تىبەتچە تىللارنى مۇكەممەل بىلىدىغان، ئىلىم ئەھلىنى ھۆرمەت
قىلىدىغان شەخس بولۇپ يېتىشكەن.
شىيبان بولسا مەشھۇر، ئۇستا
دىپلومات ئىدى. ئۇيغۇر قوبلايخاننى ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن كېلىشتۈرۈش
جەھەتتە ئۈنۈملىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان، شيبان ئوكتايخان بىلەن
قوبلايخاننىڭ ئوردىسىدا ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغان، ئۇ مىلادى 1276
- يىلى 79 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئەسلى خوتەنلىك ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادى
بولغان ئەھمەد قوبلايخانغا ۋەزىر بولغان. ئۇيغۇر ناھايىتى قابىل بولۇپ، باش
ۋەزىرگە تەڭ ئابرويغا ئىگە ئىدى.
يەن سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر خانلىرى
قوبلايخان، تۆمۈرخان، ئىسەنخانلارنىڭ ۋاقتىدا (مىلادى 1270 - يىلىدىن 1320
- يىلىغىچە) مەشھۇر دېڭىز ساياھەتچىسى، دىپلومات ئەل يىغمىش ئاتلىق ئۇيغۇر
بىر نەچچە قېتىم ھىندى ئوكيان ۋە ئوكيانىيىگە بارغان. ئەل يىغىمىش مىلادى
1272 - يىلىدىن باشلاپ ھىندى ئوكيان ۋە ئوكيانىيىدىكى دۆلەتلەرگە ئەلچى
بولۇپ بارغان. ئەل يىغىمىش دېڭىز ئوكيان ئارقىلىق ھازىرقى سېرىلانكا،
ماۋرىييە (ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدا)، ھىندى چىنى، ھىندونوزىيە
قاتارلىق جايلارغا بارغان. ئۇيغۇر قايتىشىدا چەت ئەل ئەلچىلىرىنى باشلاپ ۋە
شۇ دۆلەتلەردە چىقىدىغان دورا ـ دەرمەكلەرنى ئېلىپ كەلگەن.
قوبلايخاننىڭ ئەل يىغمىشنى شەرقىي
جەنۇبىي ئاسىياغا (ھىندىچىنىدىكى دۆلەتلەرگە ۋە ھىندىستانغا)،
ھىندونوزىيىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشى شۇ دۆلەتلەر توغرىسىدا تەپسىلىي
مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئىدى. چۈنكى قوبلايخان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە
ھىندونوزىيىنى بېسىپ ئېلىش ئۈچۈن ئۇزۇندىن بېرى تەييارلانماقتا ئىدى.
دېگەندەك قوبلايخان مىلادى 1279 -
يىلى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن، شەرققە ― ياپونىيىگە،
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا، ھىندونوزىيىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىدى.
قوبلايخان مىلادى 1280 - يىلى
يۈزلىگەن، مىڭلىغان كېمىلەر بىلەن تەمىنلىگەن. 165 مىڭ جەڭچىدىن تەركىب
تاپقان قۇدرەتلىك چوڭ قوشۇننى (بۇنىڭ 120 مىڭى خەنزۇ ۋە كورىيىلىك جەڭچى)
دېڭىز ئارقىلىق ياپونىيىگە ماڭدۇردى. لېكىن بۇ چوڭ تاجاۋۇزچى قوشۇندىن
ناھايىتى نۇرغۇنى تىنچ ئوكياندا بورانغا ئۇچراپ غەرق بولغان، نەتىجىدە
موڭغۇللارنىڭ ياپونىيىگە قىلغان يۈرۈشى مەغلۇپ بولغان.
قوبلايخان ياپونىيىگە قىلغان
يۈرۈشىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1283 - يىلى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىكى
ۋيېتنام، مالاييا، بېرما، كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلغان، ئەل
يىغمىش موڭغۇللارنىڭ ھىندىچىنىدىكى دۆلەتلەرگە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان،
ئۇ يەنە موڭغۇللارنىڭ 1293 - يىلى ھىندونوزىيىگە قىلغان يۈرۈشىگىمۇ
قاتناشقان. ئەل يىغمىش قوبلاينىڭ ھىندونوزىيىگە قىلغان يۈرۈشى مەغلۇپ
بولغاندىن كېيىن (موڭغۇللار ئوكيانىيىنىڭ ئىسسىق ھاۋا كېلىماتىغا
ماسلىشالماي ئىچ ئۆتكۈ كېسىلىگە موپتىلا بولغانىكەن) خان بالىققا قايتىپ
كېلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە باش ۋەزىر ئورۇنباسارى بولغان. مىلادى 1320 -
يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.
قوبلايخاننىڭ ۋاقتىدا، ئەختەرىدىن
ئاتلىق ئۇيغۇر ئىنژېنېر ئۆتكەنىدى. ئەختەرىدىن ئوردا ۋە شەھەر
قۇرۇلۇشلىرىنى باشقۇرىدىغان چادىر مەھكىمىسىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەنگەن.
ئەختەرىدىننىڭ شەرق تارىخىدىكى
تۆھپىسى ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى لايىھىلەپ بىنا
قىلىشىدا.
بېيجىڭ جۇڭگۇ تارىخىدا ئۆتكەن
سۇلالىلەرنىڭ سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان.
بېيجىڭ جۇڭگۇ تارىخىدىكى ― «يىلنامە دەۋرى» (مىلادىدىن 770 - يىل بۇرۇنقى
چاغدىن تارتىپ مىلادىدىن 475 - يىل بۇرۇنقى چاغقىچە)، «ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر
دەۋرى» (مىلادىدىن 475 - يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىدىن 221 - يىل
بۇرۇنقى چاغقىچە) دىكى يەن بەگلىكىگە پايتەخت بولغان، ئۇ چاغدا جىچىڭ دەپ
ئاتىلاتتى. چېن سىخۇاڭ مىلادىدىن 221 يىل بۇرۇن جۇڭگۇنى بىرلىككە
كەلتۈرگەندىن كېيىن جىچىڭ شەھىرى چېگرا مۇداپىئەسىدىكى مۇھىم شەھەرگە
ئايلانغان. جىچىڭ شەھىرى خەن سۇلالىسى (مىلادىدىن 207 بۇرۇنقى چاغدىن
تارتىپ مىلادى 220 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)، سۇي سۇلالىسى (581 - 618)،
تاڭ سۇلالىسى (618 - 907) دەۋرلىرىدىمۇ مۇھىم ھەربىي شەھەر بولغان. سۇڭ
سۇلالىسى دۋەرىگە كەلگەندە (960 - 1279) جىچىڭ شەھىرىنى مىلادى 960 -
يىللىرى قىتانلار بېسىپ ئالغان. جۇڭگۇ تارىخىدا ئۆتكەن جورجىت خانلىقى
(1115 - 1234)، يەن سۇلالىسى (1368 - 1279)، مىڭ سۇلالىسى (1368 -1644)،
چىڭ سۇلالىسى (1644 - 1911) قاتارلىق تۆت سۇلالە جىچىڭ شەھىرىنى پايتەخت
قىلغان.
شەرقىي قىتان خانلىقى (916 - 1125)
مىلادى 1053 - يىلى جىچىڭ شەھىرىنى پايتەخت قىلغان ۋاقىتىدىن باشلاپ
ھېسابلىغاندىمۇ بېيجىڭ 800 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە.
تارىخى ئۇزۇن بولغان بېيجىڭ نامى
تۈرلۈك تارىخىي شارائىتتا ھەر خىل ئاتىلىپ كەلگەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە
(168 - 907) يۇجۇ، قىتان خانلىقى دەۋرىدە (916 - 1125) پىدۇ، يەنجىڭ،
جورجىت خانلىقى دەۋرىدە (1115 - 1234) جۇڭدۇ دەپ ئاتالغان. يەن سۇلالىسى
دەۋرىدە (1279 - 1368) خان بالىق دەپ ئاتالغان. پەقەت چىڭ سۇلالىسى
دەرۋىدىلا (1644 - 1911) بېيجىڭ دەپ ئاتالغان.
ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسىي
يەن بەگلىكى (مىلادىدىن يەتتە ئەسىر بۇرۇن) نىڭ پايتەختى جىچىڭ شەھىرىمۇ
ئەمەس، شۇنىڭدەك شەرقىي قىتان خانلىقى، جورجىت خانلىقى دەۋرىدىكى يەنچىڭ،
جۇڭدۇ شەھىرىنىڭ ئاساسىمۇ ئەمەس. بېيجىڭ پەقەت موڭغۇللار بىنا قىلغان خان
بالىق شەھىرى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى ھالغا كەلگەن.
چىڭگىزخان مىلادى 1251 - يىلى
چۇڭگۇغا 2 - قېتىم ناھايىتى چوڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ، جورجىت خانلىقىنىڭ
پايتەختى جۇڭدۇنى بېسىپ ئالغاندا، شەھەرگە ئوت قويۇپ كۈلگە
ئايلاندۇرۋتكەنىدى. تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، جۇڭدۇ شەھىرى بىر
ئايدىن ئارتۇق كۈيۈپ، قورقۇنچلىق بىر خارابىزارلىققا ئايلىنىپ كەتكەن.
مانا شۇ ۋەقەدىن 52 يىل ئۆتكەندىن
كېيىن (مىلادىنىڭ 1268 - يىلى) قوبلايخان جۇڭدۇ شەھىرىنىڭ خارابىسى
ئۈستىدە، يېڭى بىر شەھەر بىنا قىلىپ، پايتەخت قىلىش قارارىغا كەلگەن.
ئەختەرىددىن قوبلايخاننىڭ تاپشۇرۇقى
بويىچە، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان پايتەختنىڭ غايەت چوڭ، مۇرەككەپ لايىھىسىنى
ئىشلەپ چىققان ۋە شۇ لايىھە بويىچە «خان بالىق» دەپ ئاتالغان پايتەختنى
بىنا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىغان.
موڭغۇل قۇرغان يەن سۇلالىسى (1279 -
1368) نىڭ تۇنجى خانى قوبلايخاننىڭ زامانىسىدا خان بالىقنىڭ بىنا قىلىنىشى
تارىختا بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك يادىكارلىقى ھېسابلىنىدۇ.
«ئەختەرىدىننىڭ لايىھىسى بويىچە،
بىرىنچى قەدەمدە يەرنىڭ قىيپاش شەكلىگە ئاساسەن، يەر ئاستى قانالىزاتسىيىسى
ياسىلىپ سۇ ئاقىدىغان ساپال نوكەشلەر ئورنىتىلغان، ئىككىنچى قەدەمدە،
خانلار تۇرىدىغان ئوردىلار تەبىئىي مەنزىرىسى چىرايلىق جايلارغا سېلىنغان.
ئەختەرىدىننىڭ لايىھىسىگە ئاساسەن، ھازىرقى جۇڭنەنخەي ۋە بىيخەي كۆللىرى
بىنا قىلىنىپ، خان ئوردىلىرى شۇ كۆللەرنىڭ ئىككى قىرغىقىغا سېلىنغان.
ھازىرقى جىڭشەن باغچىسىنىڭ ئەتراپىغا خان ئائىلىسىنىڭ ھايۋانانلار باغچىسى
بىنا قىلىنغان»([2]).
خان بالىقنىڭ «كۈچىلىرى چوڭ كوچا،
كىچىك كوچا ۋە خوتۇڭ دەپ ئاتىلىدىغان ئۈچ خىل كوچىدىن ئىبارەت بولغان...
چوڭ كوچىلارنىڭ كەڭلىكى 24 قەدەم، كىچىك كوچىلارنىڭ كەڭلىكى 12 قەدەم ئىدى.
شەھەرگە 364 چوڭ ۋە كىچىك كوچا، 2009 خۇتۇڭ ياسالدى... بۇنداق كوچىلارنىڭ
چوڭ ـ كىچىكلىكى قاتناشنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجىغا ئاساسلىنىپ، تار قىلىپ
ياسالغان. كوچىلارنىڭ كەڭلىكىنى ھازىرقى ئۆلچەمگە سېلىشتۇرغاندا، چوڭ
كوچىلارنىڭ كەڭلىكى 40 مېتىر، كىچىك كوچىلارنىڭ كەڭلىكى 20 مېتىر كېلىدۇ»([3])
خان بالىقتىكى ئوردىلار، كۆللەر،
باغچىلار، كۆۋرۈكلەر، كوچىلار، شەھەر دەرۋازىلىرى، يەر ئاستى
قانالىزاتسىيىسى «جۇڭگۇنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى، تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ
شەرت ـ شارائىتلىرى ۋە يەرلىك ئەھۋالىنىڭ بەزىبىرى جۇغراپىيەلىك
ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ياسالغان»([4])
ئەجدادلىرىمىز ھۇنلار دەۋرىدىن
تارتىپ (بۇندىن 5000 يىللار بۇرۇن) ھازىرغىچە جۇڭگۇنىڭ مەدەنىيىتىگە
ناھايىتى قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشقان. ئەختەرىدىننىڭ خان بالىقنى (بېيجىڭنى)
بىنا قىلىشتا ياراتقان ئۇلۇغ، شانلىق تۆھىپىسى تارىختا مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز
مۆجىزە.
مەنبە: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى
1988 ـ يىل 4 ـ سان
-------------------------------------------
([1]) چىيوشۇسىڭ «جۇڭگۇ تارىخى
ھېكايلىرى» خەنزۇچە 11- بەت
([2]) لييۇۋيجون: «غەربىي دىيار
ھەققىدە قىسسە» خەنزۇچە 1- كىتاب، 122- بەت
([3]) لييۇۋيجون: «غەربىي دىيار
ھەققىدە قىسسە» خەنزۇچە 7- كىتاب، 124- بەت
([4]) لييۇۋيجون: «غەربىي دىيار
ھەققىدە قىسسە» خەنزۇچە 1- كىتاب، 122- بەت
|