English

Türkçe

 

عربي

ئۇيغۇرچە

 

بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئونىنچى يىلى*

(ئەسلىمە)

 

ئابدۇرەھىمجان ئابدۇررەشىد

 

«بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىنسانىي قىممىتى ئۇنىڭ نوپۇس سانى، ئۆتمۈشتىكى مەدەنىي مىراسلىرى، شائىر، يازغۇچى، دانىشمەنلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى تولۇپ - تاشقان مىللىي غۇرۇر، پۈتمەس - تۈگىمەس روھىي جاسارەت، تەسلىمسىز مىللىي ئىرادە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.»

زەيدۇن يۈسۈپ 1990 - يىلى 1- ئاي  كاشغەر

 

چۆل ـ باياۋانلاردىكى ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭمۇ سانى، سۈپىتى ۋە نەسلى قوغدىلىۋاتقان، رەھىم ـ شەپقەتلىك، مەدەنىيەتلىك بۈگۈنكى يېڭى دەۋىردە تاشقى دۇنيا بىلەن ئىنسانىي مۇناسىۋىتى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ كەتكەن، ئىپتىدائىي ياشاش شارائىتىدىنمۇ مەھرۇم بولىۋاتقان قاراڭغۇ تۇمان ئاستىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنى خۇددى تاشقى ئالەمدىن يەر شارىغا بومبا چۈشكەندەك ئەڭ تاسادىپى، ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاس بىلەن دۇنيانىڭ سىياسى سەھنىسىگە ئېلىپ چىققان شەرەپلىك بارىن ئىنقىلابى بۇ يىل ئون ياشقا كىردى. ئەمما ئۇ ئۆسمۈرلۈك، سەبى مەزگىلىدە ئەمەس، بەلكى نەۋقىران يىگىتلەردەك جاسارەتكە ۋە پىشقەدەم بوۋايلاردەك تەجىرىبىگە ئىگە بولۇپ قالدى.

ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بارىن يېزىسىغا توپلاشقان بىر قانچە نەپەر ئىنقىلابى قەھرىماننىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1989 - يىلى 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بارىن يېزىسىنى ۋاقىتلىق مەركەز قىلغان ھالدا شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى قۇرۇلدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ نىزامنامىلىرى، پروگراممىلىرى تەپسىلى بېكىتىلىپ، تەشكىلاتنىڭ ۋاقىتلىق باش رەئىسلىكىگە زەيدۇن يۈسۈپ سايلاندى. نىزامنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە باش رەئىس مۇتلەق ئالى ھوقۇققا ئىگە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن رەئىسنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن تەشكىلاتنىڭ مەركىزى ھەيئەتلەر سانى كۆپەيتىلدى ۋە كېڭەيتىلىپ ئەزا قوبۇل قىلىش ماقۇللاندى.

تەشكىلات قۇرۇلۇپ بىر ئايغا يەتمىگە ۋاقىت ئىچىدە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ ئىدىيىسىدە جىددى بۇرۇلۇش يۈز بەرمەكتە ئىدى. ئۇلار ھەپتىلەپ داۋاملاشتۇرغان ھەر بىر ئايرىم ماۋزۇدىكى مۇزاكىرىلەردە، تالاش ـ تارتىشلاردا مۇھىم نەتىجىلەرگە ئىگە بولاتتى. لېكىن ھەر قانداق بىر مەركىزى پىكىردە زەيدۇن يۈسۈپ ئۇستۇنلۇكنى ئىگەللەيتتى.

تەشكىلاتنىڭ سىياسى ئورگىنى سۈپىتىدە پارتىيە تەسىس قىلىش ھەققىدىكى مۇنازىرىلەردە ھەيئەتلەر تەرىپىدىن سابىق «تەڭرىتاغ ياشلىرى پارتىيىسى»، سابىق «شەرقىي تۈركىستان خەلق پارتىيىسى» ۋە «دېموكىراتىك ياشلار پارتىيىسى» قاتارلىق پارتىيىلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ياكى يېڭىدىن تەسس قىلىش تەكلىۋى قويۇلدى. ئەمما يالغۇز زەيدۇن يۈسۈپ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە بارلىق ھەيئەتلەرنىڭ قارشىلىق مەۋقەسىگە مۇنداق رەددىيە بەردى:

― بىز بارىن يېزىسىغا داۋاملىق مەجلىس ئاچغىلى، ئۆزئارا تالاش ـ تارتىش قىلغىلى ۋە ئۆشرە ـ زاكات، سەدىقە ئىھسانلارنى يىغىپ، ئىقتىساد توپلاپ، يۇرتمۇ ـ يۇرت تاماشا قىلغىلى يىغىلمىدۇق. پەقەت مىللىتىمىزنى، ۋەتىنىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تەشكىلات قۇرۇۋاتىمىز، پارتىيە قۇرۇۋاتىمىز، بىز قانداقلا بىر تەشكىلات قۇرمايلى، قانداقلا بىر پارتىيە قۇرمايلى، دۈشمەن بىزنى ئاياپ قويمايدۇ. سىلەر تەكلىپ قىلىۋاتقان پارتىيىلەر خەلقتىن ئايرىلغان، بېكىنمە، تۇرغۇن ھالدىكى ئىشخانا پارتىيىلىرى ئىدى، شۇنداقتىمۇ دۈشمەن ئاياپ تەكچىگە ئېلىپ قويمىدى. ئەمما، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» بولسا ھەم يېڭى، ھەم قەدىمى بىر مەۋجۇتلۇقتۇر. بۇ پارتىيە بوۋىمىز سۇلتان ساتۇق بىلەن ۋەتىنىمىزگە يىلتىز تارتقان، مىللىتىمىزنىڭ روھىغا سىڭىپ كەتكەن. ۋارىسلىق قىلىشقا لاياقەتلىك ئېقىم پەقەت شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىدۇر. ئەگەر بىز مىللىتىمىز چۈشەنمەيدىغان، قوبۇل قىلالمايدىغان تۇيۇق كوچىغا كىرىپ قالىدىغان بولساق، ئۇ چاغدا ھېچ نەرسە يارىتالمايمىز، ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيمىز.

ئۇنىڭ ئالماستەك ئۆتكۈر پىكرى ئالدىدا ھەيئەتلەر سىماپتەك ئېرىپ، ھەممەيلەن شەرتسىز ھالدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى ماقۇللىدى. ئەمما كۈندىن ـ كۈنگە مۇرەككەپلىشىپ مېڭىۋاتقان تەشكىلاتنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى پەقەت زەيدۇن يۈسۈپنىڭ قارارىغا باغلىنىپ قالغان ئىدى.

89 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا زەيدۇن يۈسۈپ ھەيئەتلەر يىغىنى چاقىردى. ئۇ ھېچ كىم ئويلىمىغان يەردىن تەشكىلات پروگراممىسىدىكى: «شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دۈشمەنگە قارشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان، يوشۇرۇن سىياسى ھەرىكەت قىلىدۇ» دېگەن ماددىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا: «شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دۈشمەنگە قارشى ناھايىتى جىددى، ئوچوق ئاشكارا قۇراللىق ھەرىكەت قىلىدۇ» دېگەن ماددىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. بۇ پىكىرگە كۆپچىلىك قارشى تۇرغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا زەيدۇن يۈسۈپنىڭ قارارى ئىشقا ئاشتى. يەنى 1990 - يىلى 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى قۇراللىق ئۇرۇش قوزغاش رەسمى قارار قىلىندى.

زەيدۇن يۈسۈپ ھەر قانداق جىددى بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان ھامان ھەيئەتلەرنىڭ كۆپچىلىكى: سەن مىللىتىمىزنى ئوتقا تىقماقچى بولىۋاتىسەن، دۈشمەن كۆپ ۋە كۈچلۈك، بىز بولساق بەك ئاز ۋە ئاجىز. شۇڭا شارائىتنى يېتىلدۈرۈش، پۈرسەت كۈتۈش كېرەك دەپ پەخەس بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى. لېكىن زەيدۇن يۈسۈپ ئۇلارغا يوچۇق قالدۇرماي جاۋاب بىرەتتى:

― سىلەرگە ئوخشاش پەخەسچىلەر تۈپەيلىدىن ناھايىتى قىسقا مەزگىل ئىچىدە دۈشمەن شۇنداق كۈچىيىپ كەتتى. ھازىر دۈشمەن يىراق خىتايدىن كەلمەيدۇ، بەلكى خىتاي جاھانگىرلىرى بىزنىڭ مەھەللىمىزدىن، جەمەتلىرىمىزدىن، ھەتتا ئاتا ـ ئانىلىرىمىزدىن، پۈشتىمىزدىن تامغان بالىلىرىمىزدىن، قوينىمىزدىكى ئاياللىرىمىزدىن بىزگە قارشى دۈشمەن يېتىشتۈردى. بىز نېمە يېتىلدۈرەلىدۇق. ئەكسىچە ھەممە نەرسىمىزنى يوقاتتۇق. بىز پۈرسەت كۈتۈشنى بىلمەيمىز. شارائىت يېتلىدۇرۇشنى بىلمەيمىز. چۈنكى بۇ مىللەت بۇلغانغان، روھىغا قۇللۇق تامغىسى بېسىلىپ كەتكەن، روھى تەسلىم بولغان مىللەت. بۇ قەدەر كېرەكسىز، بۇ قەدەر سېسىق نەرسىنى تازىلاش كېرەك، ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈش كېرەك، بۇلارنىڭ روھىغا بېسىلغان قۇللۇق تامغىسىنىڭ داغلىرىنى پەقەت ئوتتا كۆيدۈرۈپ تازىلاش كېرەك.

باشقىلارنىڭ: بىز قۇراللىق ئۇرۇش قىلىمىز دەۋاتىمىز، ئەمما بىزدە نە قۇرال يوق، نە پۇل يوق، زادى بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمىز، دېگەن تەنە سۇئاللىرىغا ناھايىتى ئاددىيلا مۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىدى:

― ئەگەر بىز يەنىلا «يوق» دېگەن بۇ قەبىھ كەلىمىنى تەكرارلاۋېرىدىكەنمىز، يېقىن كېلەچەكتە بۇ مىللەت يوقۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پۇلنى بايلاردىن، قۇرالنى دۈشمەندىن ئالىمىز.

تەشكىلات ئەزالىرى ھەربىي مەشىق ئېلىپ بارىدىغان مەيدانغا زەيدۇن يۈسۈپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كەلگىنىدە ئەزالارغا نوتۇق سۆزلەپ مۇنۇلارنى دېگەن ئىدى:

― «بىزدە ھەقىقەتەن كۈچ يوق، قۇرال يوق، قۇرال سېتىۋالىدىغان پۇل يوق، لېكىن بىزدە ئالەمگە سىغمىغۇدەك ئىرادە، ئالەمچە غايە، چەكسىز غورۇر بار»، «بىزنىڭ بىردىنبىر يۆلەنچۈكىمىز ئاللاھ ۋە ئانا تۇپراق. ئەگەر ئۇرۇشتا قۇربان بولساق ئاللاھ رىزاسىغا ئېرىشىمىز، ئانا تۇپرىقىمىزغا كۆمۈلىمىز، ناۋادا غەلىبە قىلساق ئانا تۇپرىقىمىزغا ئىگە بولىمىز»، «بىزنىڭ ئىشىمىزنى مەنىستمەيۋاتقان يىراق ـ يېقىندىكى بەزەن ئالىيجاناپلار ياكى بىزنىڭ جەڭ مەيدانىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغانلىقىمىزنى ئاڭلايدۇ ياكى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ كۆكتە جەۋلان قىلغىنىنى كۆرىدۇ.»

شۇنداق قىلىپ ھەربىي مەشىقلەر، ئىدىيىۋى تەلىم ـ تەربىيىلەر ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى ناھايىتى جىددى ئېلىپ بېرىلدى. ھەر قايسى يۇرتتىن گەرچە ئىجابىي ئىنكاس كەلمىسىمۇ، لېكىن مۇناسىۋەت دائىرسى كېڭەيمەكتە ئىدى.

 تەشكىلاتنىڭ باش رەئىسى، پارتىيە باشلىقى ۋە ئۇرۇش قوماندانى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەر زەيدۇن يۈسۈپكە يۈكلەنگەن ئىدى. ئۇنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىگە قارىماي توپلانغان ئۇمۇمى ئىقتىساد ئاران بەشمىڭ سوم بولدى. ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى پەقەت 17 دانە چوڭ ـ كىچىك مىلتىق، تاپانچا، 64 دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان بومبا، 150 دانە قېلىچ، پىچاق، پالتا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. بارىن ۋە باشقا قوشنا يېزىلاردىن تەقدىم ئېتىلگەن ئۇرۇش ئاتلىرى 20 تۇياققىمۇ يەتمەيتتى. ئومۇمىي ئەسكەر سانى بولسا 700 نەپەردىن ئارتۇق ئىدى. بۇ قەدەر ئاجىز ئەھۋالدا، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىگە، پەۋقۇلئاددە ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە ئۇرۇش ئېچىش ئەينى ۋاقىتتا ھېچ كىمنىڭ تەسەۋۋۇرىغا سىغمىغاندەك، زەيدۇن يۈسۈپنىڭ ئەقلىدىنمۇ ئۆتمەيتتى. ئەمما ئۇنىڭ بىرلا غايىسى: «ماددى، مەنىۋى جەھەتتىن بۇلغىنىپ كەتكەن، روھى تەسلىم بولۇپ، خائىنلارچە ياشاشقا كۆنۈپ كەتكەن بۇ مىللەتنى ئۇرۇشقا باشلاپ كىرىش» ۋە «بۇ مىللەت تېخى تۈگىمىدى. تېخى روھى تەسلىم بولمىدى» دېگەن سادانى دۇنياغا جاكارلاش ئىدى.

زەيدۇن يۈسۈپ دائىم نەپرەتلىنىپ تۇرىدىغان بۇ خائىن مىللەتنىڭ ئەپتى ـ بەشىرىسى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى. ئۇرۇش باشلىنىشقا 19 كۈن قالغاندا تەشكىلاتنىڭ مەركىزى ھەيئەتلىرى ئىچىدىكى ساتقىنلار 90 - يىلى 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇرۇش پىلانىنى دۈشمەنگە پاش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بارىن يېزىسنىڭ ئەتراپى خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن قۇرشاۋ قىلىندى.

ناھىيىدىن ناھىيە باشلىقلىرى، پارتكۇم باشلىقلىرى ۋە ناھىيىلىك تەشۋىقات خادىملىرى بارىن يېزىسغا يېتىپ كېلىپ، دەرھال مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ساختا سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى زەيدۇن يۈسۈپ، مۇئاۋىن باش قۇماندان جامال مۇھەممەد تۇتقۇن قىلىنىپ، يېزىلىق ساقچى ئىدارىسىغا قاماپ قويۇلدى. لېكىن ھەر بىرى بىردىن باش قۇماندان بولالىغۇدەك باتۇر ئەزىمەتلەر دەرھال قوزغىلىپ، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ نەق مەيداندا چاكارلىق قىلىۋاتقان ئەمەلدارلىرىنى  تۇتقۇن قىلدى. ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تاڭ سەھەردە ئۇرۇش رەسمى باشلاندى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇرۇش توختىتىش ۋە دۈشمەن تەرەپتىن ئەسىرگە چۈشكەن كادىرلارنى قويۇپ بېرىش شەرتى بىلەن زەيدۇن يۈسۈپ ۋە جامال مۇھەممەد قويۇۋېتىلدى. ئەمما ئۇرۇش راسا ئەۋجىگە چىقتى. زەيدۇن يۈسۈپ ئېيتقاندەك ھەقىقەتەن نۇرغۇنلىغان خىل قۇراللار دۈشمەن ئارمىيىسىدىن ئولجا ئېلىندى.

4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈش ۋاقتى بىلەن باش قۇماندان زەيدۇن يۈسۈپ جەڭ مەيدانىدا شەھىد بولدى. مۇنتىزىم ئۇرۇش شۇ ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچقۇرۇنغىچە داۋاملىشىپ، ئومۇمەن باستۇرۇلدى. مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ تاغلىق رايۇنلارغا چېكىنگەن ئاتلىق قىسىم شۇ ئاينىڭ 28 - كۈنىگىچە ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى.

شەرەپلىك بارىن ئىنقىلابى تارىخ سەھىپىسىدىنلا ئەمەس، مىللەتنىڭ بۇلغانغان، كىر باسقان قەلبىدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئالدى. زۇلمەت باسقان روھىيەت ئالىمىنى يۇرۇتتى. بۇ دەل ئىنقىلابى سەبداش، باش قۇماندان زەيدۇن يۈسۈپنىڭ غايىسى ئىدى.

2000 - يىلى يانۋار گېرمانىيە

 

باش بەت

aturan2003@yahoo.com

بارلىق نەشر ھوقۇقى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىغا ئائىت

 All Rights Reserved Taklamakan Uyghur Publishing 2007 --- 2009 http://www.uyghurweb.net