English

Türkçe

 

عربي

ئۇيغۇرچە

 

 

ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن زادى قانداق نېمە؟ سەرلەۋھىلىك ماقالىغا جاۋاب

 ھاجى ياقۇب يۈسۈپى ئانات

 1989ـ يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرۇلىرىدا مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۇر ئەپەندىنىڭ يۇقىرىدىكى سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئۈرۈمچى تېلېۋېزىيونىدا ئۆز ئاغزى بىلەن ئوقۇلغانىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سياسي كېڭەش دائىمي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا يەنە ئۆزى تەرىپىدىن ئوقۇپ بېرىلگەن. ئوندىن كېيىن سياسىي كېڭەشنىڭ ئاخبارات ژۇرنىلىدا بېسىلىپ ئىچكي ماتېرىيال سۈپىتىدە تارقىتىلغان.

شۇيىلى 20 ـ ئاۋغۇستتا مەن تۇرپان شەھىرىدە ئېچىلغان بىرىنچى نۆۋەتلىك ئۈزۈم بايرىمىغا كەتكەنىدىم، قايتىپ كەلسەم بەزى دوستلار مېنى ئىزدىدى ۋە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ماقالىسىنى تېلىۋېزىيوندا ئوقۇغانلىقىنى سۆزلەپ قاتتىق نارازىلق بىلدۈرۈشتى. 6 ـ 7 يىللار ئۆتتى، ئۆتكۈر ئەپەندىمۇ ۋاپات قىلدى، بو ماقالىنى كۆرۈش ماڭا نەسىب بولمىدى. تۈركىيىگە چىققىنىمدىن كېيىن بۇ ماقالا قولۇمغا چۈشتى، ئوقۇپ ھەيران بولدۇم.

بۇ ماقالىگە جاۋاب بېرىشنى بۇرج ھىساپلاپ بۇ ماقالىنى يازدىم، قۇسۇرلىرى بولسا كۆپچىلىكنىڭ تەنقىدلىرىنى سورايمەن.

1

ئۆتكۈر ئەپەندى 3 بۆلۈم قىلىپ يازغان ماقالىسىنىڭ 1 - بۆلۈمنىڭ بېشىدىلا مىلادىدىن بۇرۇنقى 1 ـ ئەسىردە شىنجياڭنىڭ نامى «غەربىي دىيار» (شىيۈ) دەپ ئاتالغان رايوندا ئىدى ... دەپ ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

بىرىنچى ئەسىردىن بۇرۇن بويەرنىڭ نامى يوقمىدى؟

مەلۇمكى تارىختىن بېرى يەرشارىدىكى ھەممە يەرنىڭ نامى بار. جانابى ئاللاھ ھەممە شەيئىلەرنى ناملىرى بىلەن ياراتقان. دونيادا نامسىز بىر شەيئى يوق. ئاپتورچە «شىنجىياڭ» دېگەن بۇجاينىڭ، مېنىڭچە تارىخنىڭ تۈرلۈك دەۋرلىرىدە تۈرلۈكچە ناملىرى بولغانىدى. ماقالىغا جاۋاب بېرىشتىن ئاۋۋال ئانا يۇرتىمىزنىڭ تەرىپىنى كۆرستىپ ئۆتۇشنى لايىق كۆردۇم. تۈركى خەلقلەرنىڭ ئانا يۇرتى ئوتتۇرا ئاسىيادۇر. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى موڭغۇلىيە ئېگىزلىكى، خېشى كارىدورى، چىڭخەي (كۆككۆل)، شەرقىي تۈركىستان، ئامۇ دەريا، سىر دەريا ۋادىلىرى، قازاقىستان دالاسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئىراننىڭ شەرقىي قىسمى، ئافغانىستاننىڭ شىمالىي قىسمى ۋە پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسملىرىنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ[1]. تۈركىي خەلقلەر تارىخىنىڭ تۈرلۈك دەۋرلىرىدە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ھەر

 تەرەپلەرگە كۆچ قىلدى. موڭغۇلىستان ۋە چىن مەملىكىتىدىن بالقانلارغىچە سوزۇلغان كەڭ ساھەگە تارقالدى. بارغان

يەرلىرىدە مەملىكەتلەر قۇردى، ئېغىر كۈنلىرىدە يەنە ئانا ۋەتىنىدىكى قېرىنداشلىرىغا قايتا كۆچۈپ كەلدى. مەرھوم

ئۆتكۈر ئەپەندى ۋەتىنىمىز نامىنى چىنلەر قويغان Xiyu(شىيۈ) ― غەربىي دىيار نامىدىن باشلاپتۇ. ئۆندىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتورا ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرى قايسى نام بىلەن ئاتىلاتتى؟

1 - ساكلار دۆلىتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 17 ـ ئەسىردە ۋە ئۇندىن بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا ساكلار سەلتەنەت سۈرگەنىدى. «شاھنامە» دىكى ئىران، تۇران ئۇرۇشلىرىغا باشچىلىق قىلغان ئالىپ ئەر تۇڭا (ئافراسياب) تۇران ھۆكۈمدارى، يەنە ”دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك“ تە تىلغا ئېلىنغان ”شۇ داستانى“ مىلادىدىن بۇرۇنفى 330 ـ يىللاردا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ماۋەرائۇننەھرىدە ياشىغانلىقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تارىخلاردا ماۋەرائۇننەھرىگە كەلگەن ئىسكەندەر قوشۇنى تۈركلەرنى ئالتاي تاغلىرىغا قوغلىغانلىقلىرىنى يەنە شۇ ”شۇ داستانى“ دىن بىلمەكتىمىز. يەنە بۇ داستان 22 ئۇغۇز قەبىلىسى بىلەن ئىككى خالاچ قەبىلىسىنىڭ شەرققە كەتمەي، قەدىمكى يۇرتلىرىدا قالغانلىقلىرىنىمۇ بىلدۈرمەكتە. دېمەك، بۇ دەۋرلەردە ئانا يۇرتىمىز تۇران بىرلىكى ئىچىدە بولغاچقا، بۇ دەۋرىدىكى نامىمىز تۇران بولۇپ، ”غەربىي دىيار“ ياكى ”شىنجياڭ“ ئەمەسىدى.

2 - ھۇن ئىمپېراتۇرلۇقى مىلادىدىن بۇرۇنقى ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرى چىنلەرنىڭ شىيا(xia) خاندانلىقى دەۋرىدە ھۇنلارنىڭ ئەجدادى شياخۇشى ۋە چۈنۋىيلەر تىلغا ئېلنىدۇ. ھۇنلار چىننىڭ شىمالى رايونلىرىدا ياشايتتى. بۇلار توغرىسىدىكى ئېنىق تارىخىي مەلۇماتىمىز مىلادىدىن بۇرۇنقى 3 ـ ئەسىردىن باشلىنىدۇ. ھۇنلار چىنغا پات ـ پات ھۇجۇم قىلاتتى. چىنلەرمۇ بۇلارغا قارشى چىن سەددىسىنى ياسغانىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 209 ـ 174 ـ يىلىغىچە ھۇن ھۆكۈمدارى باتۇر (مەتە) تەڭرىقۇتنىڭ 35 يىللىق سەلتەنەت دەۋرى ھۇن تۈركلىرىنىڭ ئەڭ پارلاق دەۋرى ئىدى. بۇ دەۋرىدە ھۇنلار ئىدىل(ۋولگا) دەرياسىغىچە پۈتۇن ئوتتۇرا ئاسىيانى بىرلەشتۈرۈپ تۈرك ۋە غەيرى تۈرك خەلقلىرىنىڭ سياسى بىرلىكىنى قۇرغانىدى. كېيىن ئىچكى ئتتىپاقسىزلىق تۈپەيلى ھۇن ئىمپېراتورلۇقى شىمالىي ھۇن ئىمپېراتورلۇقى ۋە جەنوبي ھۇن ئىمپېراتورلۇقى دەپ ئىككىگە ئايرىلدى. شىمالى ھۇن ئىمپېراتورلۇقى 257 ـ يىل سەلتەنەت سۈرۈپ. مىلادى 48 ـ يىلى سيانپىلار تەرپىدىن مۇنقەرىز قىلىندى. جەنوبي ھۇن ئىمپېراتورلۇقى بولسا (ھۇن ئىمپېراتورلۇقى قۇرۇلغان تارىخىتىن ھېسابلىغاندا) 452 يىل سەلتەنەت سۈرۈپ، مىلادى 216 ـ يىلى ئاخىرلاشتى. دېمەك، بۇ بەش ئەسىرگە يېقىن دەۋرىدە ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ نامى ھۇن ئىمپېراتورلۇقى ئىدى. ”غەربىي دىيار“، ”شىنجىياڭ“ ئەمەسىدى.

3 - سىيانپىلار دۆلىتى شىمالى ھۇن ئىمپېراتورلۇقىنى مۇنقەرىز قىلغان سيانپىلار مىلادى 93 ـ يىلىدىن 394 ـ يىلىغىچە ئۈچ ئەسىر قەدەر ئوتتۇرا ئاسىيادا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. بۇ دەۋرىدە ئانا يۇرتىمىزنىڭ نامى سيانپىلار دۆلىتى ئىچىدە ئىدى. ”غەربىي دىيار“، ”شىنجياڭ“ ئەمەسىدى.

4 - جۇجەنلەر(ئاۋارلار) دۆلىتى مىلادى 394 ـ يىلىدىن 552 ـ يىلىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاۋارلار بىر يېرىم ئەسىر قەدەر ھۆكۈم سۈردى. بو دەۋردە ئانا يۇرتىمىز ئاۋار ئىمپېراتورلۇقى ئىچىدە بولدى. ”غەربىي دىيار“، ”شىنجىياڭ“ ئەمەسىدى.

5 - كۆكتۈركلەر ئىمپېراتورلۇقى ئالتاي ۋادىلىرىدا ياشىغۇچى كۆكتۈركلەر ھۇن بىرلىكىدىن كېيىن جۇجەنلەر (ئاۋارلار)نىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا قالدى، ئالتايلاردا تۆمۈرچىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى. چىن مەنبەلىرىدە تۇجۇ دەپ ئاتالغان بۇ تۈركلەر بۇمىن قاغان باشچىلىقىدا جۇجەنلەرگە قارشى قوزغىلاڭ قىلىپ ئىستىقلاللىرىنى قازاندى. مىلادى 552 ـ يىلىدىن VIII ـ ئەسىرگىچە تارىختا تۈرلۈك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن تۈركلەر دەسلەپ تۈرك نامى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى، قۇرغان دۆلىتىنىڭ نامى كۆكتۈرك ئىمپېراتۇرلۇقى دەپ ئاتالدى. تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا بۇ ئىمپېراتۇرلۇقنىڭ ئىچىدە ئىدى. بۇ دۆلەتنىڭ نامى تۈرك، خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى تۈرك ئىدى. ھەقىقى مەنىسى بىلەن بىر تۈرك ئېلى ― تۈركىستان ئىدى. دۆلەتنىڭ تىلى تۈركچە ئىدى. تۈركچىلىك، تۈركچەچىلىك بۇ ۋاقتىدا باشلانغاندى.

ئۆتكۈر ئەپەندىم ماقالىسىدا «پانتۈركىزم ئەكسىيەتچى ئېقىمى 30 ـ يىلاردا شىنجياڭغا كىرگەن...» دەپتۇ. مېنىڭچە تۈركي خەلقلەرنىڭ تۈركچىلىكى، تۈركچەچىلىكى دەسلەپ كۆكتۈرك خاقانلىقى دەۋرىدە باشلانغان. تۈركلەرنىڭ مىللىيىتىنى، تىلىنى، ئىستقلاللىرىنى ساقلاشتا جىھاد بايرىقى بولغان بۇ ئىنقىلابىي ئوراننى ھەرگىزمۇ ئەكسىيەتچى پىكىر ئېقىمى دېگىلى بولمايدۇ. شۇ پىكىر، شۇ تىل، شۇ دىن، شۇ ئۆرپ - ئادەت بىلەن مىللىيىتىمىزنى ساقلاپ كېلىۋاتىمىز. بۇ پىكىر ئېقىمى ئىستىقلالچىلارغا قارشى، مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى، مۇھاجىرەت ئېقىمىغا قارشى ۋەتەننى، مىللەتنى، تىلىمىزنى، دىنىمىزنى، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنى ساقلاش، ئىنسانى ھەقلىرىمىزنى ۋە مىللىي ئىستىقلالىمىزنى قازىنىش ھەرىكىتىمىزدە ئىلغار، ئىنقلابىي بىر پىكىر ئېقىمىدۇر. ھازىرقى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمەلي كۈرەش ھەرىكەتلىرى بۇنىڭ پۇلاتتەك دەلىلدۇر.

دۇنيادا دۆلەت ۋە جۇغراپىي رايونلارنىڭ نامى تارىختىن بېرى شۇيەردە ياشىغۇچى، شۇيەرنىڭ ھەقىقى ئىگىلىرى بولغان خەلقنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە، بۇ بىر تارىخى ئەنئەنىدۇر. مەسىلەن، ئالمانلار يۇرتى ئالمانىيە، ئىنگىلىزلەر يۇرتى ئەنگىلىيە، فرانسۇزلار يۇرتى فرانسىيە، روسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە ... كەبى. يەنە ئوتتۇرا ۋە جەنوبىي ئاسىيادا ياشىغوچى مىللەتلەرمۇ شۇ تارىخى ئەنئەنە بويىچە پارسچىدىكى ئۇرۇن، زېمىن، ئەل مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان «سىتان» قۇشۇمچىسىنى مىللەت ناملىرىنىڭ ئارقىسىغا قوشۇپ ئېلىنىڭ نامى قىلغان. مەسىلەن: تۈركىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، ئەرەبىستان، ھىندىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، چېچەنىستان، بىلوچىستان، موغۇلىستان، ماجارىستان، داغىستان، قاراقالپاقىستان.... كەبى. دېمەك، ئانا يۇرتىمىزنىڭ نامى تۈركىستان. تۈرك ئېلى دېگەن بۇ نام كۆكتۈركلەر دەۋرىدە باشلانغان دېيشكە تارىخىي، ئىلمىي جەھەتتىن ھەقلىقمىز. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلەرنىڭ پەيدا بولغان يېرى، ئانا يۇرتى بولغىنى ئۈچۈن تۈركىستان دەپ ئاتىلىشى توغرىدۇر، ھەقلىقتۇر، ۋەتەن نامىنى ۋەتەننىڭ ئۆز خەلقى قويۇشلىرى كېرەك. ياتلارنىڭ، ئىستېلاچىلارنىڭ غەرەزلىك قويغان ناملىرىنى ئەسلا قۇبۇل قىلماسلىق لازىم. چۈنكى چىنلىقلار ۋە روسلار ئات قويۇپ بېرىدىغان ئىمام ئەمەستۇر.

كۆكتۈرك خاقانلىقى دەۋرىدە تۈركچە سۆزلىشىدىغان بارلىق خەلقلەرگە ”تۈرك“ تىلىمىز ”تۈركچە“ دېيىلدى، مەڭگۈ تاشلارغا يېزىلدى. قاراخانىلاردەۋرىدە ياشىغان مەھمۇد كاشغەرى ئەسىرىگە ”دىۋانى غەربىي دىيار“، ”دىۋانى شىنجياڭ“ دېمىدى. ”دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك“ (تۈرك تىللىرى دىۋانى) دېدى، مەھمۇد كاشغەرى ئاللاھقا ھەمدە ئېيتقاندىن كېيىن ئەسىرىنى مۇنداق: ”مەن مۇھەممەد ئوغلى ھۈسەين ئوغلى مەھمۇد كۆردۈمكى، ئۇلۇغ ئاللاھ دۆلەت قوياشىنى تۈرك بۇرجلىرىدا تۇغدۇردى، پەلەكنىڭ چاقلىرىنى ئولارنىڭ مەملىكىتى ئۈستىدە قايغۇزدى ۋە ئۇلارغا تۈرك نامىنى بەردى“ دەپ يازىدۇ.

يەنە شۇ دەۋرىدە يېزىلغان ”قۇتادغۇبىلگ“ نىڭ نەسرى سۆز بېشىدا مۇنداق: ”قامۇغ تۈركىستان ئىللىرىندە بۇغراخان تىلىنچە تۈرك لۇغەتىنچە بۇ كىتابتىن ياخشىراق ھەرگىز كىم ئەرسە تەسنىف قىلمادى“، يەنى پۈتۈن تۈركىستان ئەللىرىدە بۇغراخان تىلىدا بۇ كىتابتىن تېخىمۇ ئوبدىننى پەقەت ھېچكىم يازمىدى“، دېيلگەن.

بۇ تارىخى مەنبەلەرگە قارىغاندا ئاللاھ بىزگە قويغان بۇ تارىخى تۈرك نامى كۆكتۈرك خاقانلىقى دەۋرىدە سىياسي جەھەتتىن بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق مىللىي نامى، تۈرك خاقانلىقى بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ”تۈركىستان“ تەبىرى «قۇتادغوبىلگ» دە تىلغا ئېلىنغان. شۇنىمۇ دەپ ئۆتۈش لازىمكى، تۈركىستان ئاتالمىسى قاراخانىيلار دەۋرىدە بىر كېچىدىلا ئاسماندىن چۈشۈپ قالغان ئاتالما ئەمەس. بونىڭمۇ كۆكتۈركلەر دەۋرىدىن باشلانغان بىر تارىخى تەرەققىيات جەريانى باردۇر.

”قۇتادغۇ بىلگ“ نىڭ نەزمى تەرجىمىسىگە بىززات قاتناشقان ئۆتكۈر ئەپەندى ماقالىسىدا: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 – ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ ئالىملىرى مەھمۇد كاشغەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلگ» ناملىق ئەسەرلىرىدىمۇ ”تۈركىستان“ دېگەن نام ئۇچرىمايدۇ،“ دېگەن. ”قۇتادغۇ بىلگ“ تىكى تۈركىستان توغرۇلۇق يېزىلغان بۇ ئابزاسنى ماقالىنىڭ ئاپتورى كۆرمىدىمىكىن دېسەم ئەقلىم قوبۇل قىلمايدۇ. بەلكىم ماقالىنى ئوقۇمىغان جانابى فۇۋېن بۇ يېرىنى ئالدۇرىۋەتكەن بولۇشى كېرەك.

6 - ئۇيغۇرلار دۆلىتى شىمالى مۇڭغۇلىستاندىكى ئورخۇن دەرياسى ئەتراپىدا كۆكتۈركلەر بىرلىكى ئېچىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار مىلادى 745 ـ يىلى شەرقىي كۆكتۈرك دۆلىتىنى يىقىتىپ، مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇردى، دەسلەپكى مەركىزى ئۇرخۇن دەرياسى بۇيىدىكى قارابالغاسۇن شەھىرى ئىدى. مىلادى 840 ـ يىلى قىرغىزلار قوزغىلىپ ئۇيغۇر دۆلىتىنى يىقىتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى چىننىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىگە ئۇرۇنلاشتى. يەنە بىر قىسمى شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ، مۇستەقىل ئۇيغۇر خانلىقلىرىنى قۇرۇپ داۋاملاشتى. بۇ يەردە يۈكسەك بىر مەدەنىيەت يارىتىپ 13ـ ئەسىرگىچە يەنى موڭغۇل ئىستېلاسىغىچە داۋام قىلدى. بو 475 يىللىق دەۋرىدە ئانا يۇرتىمىزنىڭ نامى ئۇرخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى ۋە تۇرپان ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى ئىدى. ”غەربىي دىيار“ ۋە ”شىنجياڭ“ ئەمەسىدى.

7 - تۈرگېشلەر دۆلتى مىلادى 659 ـ يىلى غەربىي كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ يىقىلىشىدىن كېيىن بۇ رايوندا ياشىغۇچى تۈرگېشلەر تۈرگېشلەر دۆلىتىنى قۇردى. تۈرگېشلەر بىر تەرەپتىن چىنلىقلار بىلەن يەنە بىر تەرەپتىن ماۋەرائۇننەھرگە كەلگەن ئەرەبلەر بىلەن ئۇرۇشۇشقا مەجبۇر بولدى. بۇ تۈرك دۆلىتى تاشقى ئۇرۇشلار ۋە ئىچكي پاراكەندىچىلىكلەر تۈپەيلى بىر ئەسىردەك سەلتەنەت سۈرۈپ، مىلادى 766 ـ يىلى يىقىلدى. بۇ دەۋردە ئانا يۇرتىمىزنىڭ نامى تۈرگېشلەر دۆلىتى ئىدى. ”غەربىي دىيار“، ”شىنجاڭ“ ئەمەسىدى.

8 - قارلۇقلار دۆلىتى مىلادى 766 ـ يىلى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە غەربىي كۆكتۈركلەر دۆلىتىنى يىقىتقان قارلۇقلار، تۈرگېش دۆلىتىنىڭ يىقىلىشىدىن كېيىن بۇ رايوندا قارلۇقلار دۆلىتى قۇردى. 8 ـ 9 ـ ئەسىرلەردە مۇسۇلمان ئەرەب قۇشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشتى. 10 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئسلامىيەتنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك قەبىلىلىرى بىلەن قاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇرۇشقا مۇھىم ھەسسە قوشتى. بۇ دەۋردە ئانا يۇرتىمىزنىڭ ئىسمى قارلۇقلار دۆلىتى ئىدى. ”غەربىي دىيار“ ، ”شىنجياڭ“ ئەمەسىدى.

9 - قاراخانىيلار دۆلىتى مىلادى 848 ـ يىلى ئۇيغۇرلار، قارلۇقلار، چىگىللەر، ياغمىلار، توغسىلاردىن ئىبارەت تۈرك قەبىلىلىرى ئاسىيانىڭ كىندىكى ― تۈركىستاندا كاشغەر، بالاساغۇن ۋە سەمەرقەندنى مەركەز قىلىپ، قاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇردى. بۇ يەرلەر بۇرۇن ئۆتكەن تۈرك ئىمپېراتورلۇق ـ خانلىقلىرى ئۈچۈن بىر يان رايونلار ھېساپلىناتتى. قاراخانىيلار دەۋرىگە كەلگەندە تۈنجى قېتىم تۈركي خەلقلەرنىڭ مەركەز رايونىغا ئايلاندى. قاراخانىيلاردىن بۇرۇنقى مىڭ يىلدىن بىرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان تۈرك خانلىقلىرى شەرق دۆلىتى بولۇپ، مەركىزى كۈچ شەرقىي شىمالىي ئاسىيادا، پايتەختلىرى ئۆتۈكەندە يەنى موڭغۇلىستاندا ئىدى. قاراخانىيلار بولسا تۈركلۈكنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى يىراق شەرقتىن ئوتتۇرا ئاسىياغا يۆتكىگەنىدى. قاراخانىيلارنىڭ 3 - خاقانى ساتۇق بۇغراخان دەۋردە يەنى مىلادى 924 دە بۇ رايوننىڭ خەلقى مۇسۇلمان بولدى. بۇ ھادىسە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ گېئوپولىتىك ھالىتىدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇسۇلمانلىشىشىدا تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. كېيىن قاراخانىيلار دۆلىتى تەڭرىتاغلىرىنى پاسىلە قىلغان ھالدا تەڭرىتاغلىرىنىڭ شەرقىدىكىلەر دەسلەپ بالاساغۇن، كېيىن كاشغەرنى پايتەخت قىلىپ، مىلادى 1047 ـ يىلى شەرقىي قاراخانىيلار، تەڭرىتاغلىرىنىڭ غەربىدىكىلەر سەرمەرقەندنى مەركەز قىلغان ھالدا غەربىي قاراخانىيلار دۆلىتى بولۇپ ئىككىگە ئايرىلدى. شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ خاقانى ئارسلان قاراخاقان ― بۈيۈك خاقان، غەربىي قاراخانىيلارنىڭ خاقانى بۇغرا قاراخاقان ― ئورتاق خاقان دەپ ئاتالدى. شەرقىي ۋە غەربىي قاراخانىيلار دۆلىتى ”خاقانىيە دۆلىتى“ دېيىلدى.

شەرقىي قاراخانىيلار دۆلىتى 282 يىل ― 3 ئەسىرگە يېقىن سەلتەنەت سۈرۈپ، مىلادى 1130 ـ يىلى قاراقىتانلار تەرىپىدىن يىقىتىلدى. غەربىي قاراخانىيلار دۆلىتى داۋاملىق ھالدا بىر مۇددەت ياشىغاندىن كېيىن، دەسلەپ سەلجۇقىيلەر، كېيىن قاراقىتانلار، ئاخىرىدا خارەزىمشاھلارغا خىراج تۆلەپ يېرىم مۇستەقىل ھالەتتە جەمئى 364 يىل ياشاپ، ئاخىرىدا مىلادى 1212 ـ يىلى خارەزىمشاھلار تەرىپىدىن مۇنقەرىز قىلىندى. بۇ دەۋردە ئانا يۇرتىمىزنىڭ ئىسمى ”غەربىي دىيار“،  ”شىنجياڭ“ ئەمەس، تۈركىستانىدى.

10 - قاراقىتانلار دۆلىتى مىلادى 907 ـ يىلى جەنۇبىي مانجۇرىيەدە ياشايدىغان قىتان قەبىلىلىرىنىڭ باشلىقى يەل ئاباۋگى قىتانلار خانلىقىنى قۇردى. چىن تارىخىدا بۇلار لياۋخاندانلىقى دەپ ئاتىلىدو. شىمالى چىندە 218 يىل سەلتەنەت سۈرگەندىن كېيىن جۇرجىتلەر (تۇڭگۇسلار) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان قىتانلار شەرقىي تۈركىستان تەرەپكە سۈرۈلىدۇ. مىلادى 1125 ـ يىلى قارا قىتانلار باشلىقى يەل تاش زەئىپلىشىپ قالغان قاراخانىيلار دۆلىتىنى يىقىتىپ، شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاندا قىتانلار خانلىقىنى قۇرىدۇ. تارىختا بۇ خانلىق قاراقىتانلار ياكى غەربىي قىتانلار خانلىقى دەپ ئاتالدى. خانلىرى گۇرخان دېيىلەتتى. مانا بۇ بىر ئەسىرگە يېقىن دەۋردە ئانا يۇرتىمىزنىڭ ئىسمى ”قاراقىتانلار دۆلىتى“ ئىدى. ”غەربىي دىيار“، ”شىنجياڭ“ ئەمەسىدى.

11 - موڭغۇل ئىمپېراتورلۇقى موڭغۇل شىرۋېي قەبىلىسىنىڭ باشلىقى تىموچىن، كرايتلەرنىڭ دەستەكلىشىدە مەركىتلەرنى يەڭگەندىن كېيىن مىلادى 1196 ـ يىلى موڭغۇل خانى بولدى. مىلادى 1202 ـ يىلى تاتارلارنى، 1203 ـ يىلى بۇرۇنقى ئتتىپاقدىشى كرايتلەرنى، 1204 ـ يىلى نايمانلارنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى. 1206 ـ يىلى ئورخۇن دەرياسى بويىدا ئېچىلغان قۇرۇلتاي چىڭگىزخاننى قاغان ئېلان قىلدى. قاغانلىقنىڭ ياسا (قانون)لىرى تۈزۈلدى، قوشۇن تەشكىل قىلىندى، مۇھۇردارلىق قۇرۇلۇپ، ئىمپېراتورلۇقنىڭ تامغىسى دەسلەپ نايمانلاردىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا بېرىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن چىڭگىزخان مىلادى 1205 ـ يىلىدىن 1209 ـ يىلىغىچە تاڭغۇت خانلىقىنى، 1211 ـ يىلىدىن 1216 ـ يىلىغىچە چىندىكى جۈرجىتلەرنى بويسۇندۇردى. چىن يۈرۈشلىرىنى داۋام ئەتتۇرۈش ئۈچۈن ياردەمچى باش قۇماندان مۇقالىسنى قالدۇرۇپ، ئۈزى موغۇلىستانغا قايتتى. غەرب فۇتۇھاتى تەييارلىقىغا كىرشكەنىدى. چىڭگىزخان غەرب يۇرۈشىگە چىقىش ئالدىدا قاراقىتانلارغا قارام بولۇپ قالغان تۇرپان ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىدىقۇتى بارچۇق ئارتېگىن قىتانلار نازىرىنى ئۆلتۈرۈپ، چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلدى ۋە چىڭگىزخانغا كىيوغۇل بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 1217 ـ يىلى غەرب يۈرۈشىگە چىققان چىڭگىز قۇشۇنى تۇرپاندا ياخشى قارشىلاندى. قاراشەھەر، كۇچا، ئاقسۇ، كاشغەر، ياركەند، خوتەن.... كەبى شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى موڭغۇل قۇشۇنىنى خالاسكار سۈپىتىدە قارشى ئالغاچقا شەرقىي تۈركىستان شەھەرلىرى ئۇرۇشسىز ئېلىندى. ۋەيرانچىلىق بولمىدى. ئۇيغۇر، قارلۇق، سېرىق ئۇيغۇرلارغا ئېچكى مۈستەقىللىق بېرىلدى. ئالتە شەھەرگە ماڭلاي سويا ئاتلىق كىشى ۋالى تەيىن قىلىندى. ماڭلاي سويانىڭ بىر ئايىقى ئاقساق بولغاچقا، چىڭگىزخان ئۇنى دوغلات دەر ئىدى. دوغلات موڭغۇلچىدا ئاقساق دېگەن بولىدۇ. شۇ تۈپەيلى مىلادى 1515 ـ يىلىغىچە ئالتىشەھەر ھۆكۈمدارى بولۇپ كەلگەن ماڭلاي سويا خاندانى تارىخىمىزدا دوغلات خانىدانى دەپ ئاتىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ موڭغۇل قۇشۇنى مىلادى 1218 ـ يىلى قارا قىتانلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، 1219 ـ يىلى خارەزىمنى ئالدى. چىڭگىزخاننىڭ ئىرانغا ئەۋەتكەن قۇشۇنى جەبە نۇيان ۋە سۇبۇتايلارنىڭ قۇماندىسىدا بەش يىل ئۇرۇش قىلىپ، ئىراننى ئالغاندىن كېيىن، قافقاس تاغلىرىنى ئېشىپ، جەنۇبىي رۇسىيەگە كىردى. رۇسلار بىلەن قىپچاقلارنى مەغلۇپ قىلىپ، كاسىپى دېڭىزىنىڭ شىمالى بىلەن قايتىپ، ۋولگا بۇلغارلىرىنى بويسۇندۇردى. ئۇندىن كېيىن سىر دەريا ئۈستىدە چىڭگىزخان بىلەن قوشۇلدى. چىڭگىزخاننىڭ كىچىك ئوغلى تۇلى قوماندىسىدىكى قوشۇن خۇراسان، مەرۋە، نىشاپۇر، تۇس... لارنى ئالغانىدى. 1221 ـ يىلى ئافغانىستانغا كىرىپ غەزنە ۋە ھىرات شەھەرلىرىنى تالان ـ تاراج قىلدى. مىلادى 1225 ـ يىلى موغۇلىستانغا قايتتى. ئىسيان قىلغان تاڭغۇتلارنى باستۇردى. مىلادى 1227 ـ يىلى ۋاپات بولدى. مانا بۇ دەۋردە ئانا يۇرتىمىز موڭغۇل ئىمپېراتولۇقىنىڭ تەركىبىدە بولۇپ، ”غەربىي دىيار“، ”شىنجياڭ“ ئەمەسىدى.

12 - چاغاتاي خانلىقى چىڭگىزخان ۋاپاتىدىن بۇرۇن ئىمپېراتولۇقنى غەربتىن شەرققە قاراپ، تۆت ئۆغلىنىڭ يېشى بويىچە چوڭلىرىغا يىراق يەرلەرنى، كىچىكىگە يېقىن يەرلەرنى بۆلۈپ بەرگەنىدى. بۇ تەقسىماتتا چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا ماۋەرائۇننەھر ۋە شەرقىي تۈركىستان رايونلىرى تەككەنىدى. مىلادى 1227 ـ يىلىدىن 1369 ـ يىلىغىچە جەمئى 142 يىل دۋام قىلغان خانلىقنىڭ پائالىيىتى ئاساسەن شەرقىي تۈركىستان بىلەن غەربىي تۈركىستاندا بولدى. ئاخىرى تۇغلۇق تۆمۈرخان ئوغلى ئىلياس خوجا خان دەۋردە ئەمىر تۆمۈر چاغاتاي خانلىقىغا خاتىمە بەردى. بۇ دەۋردە ئانا يۇرتىمىزنىڭ ئىسمى ”چاغاتاي خانلىقى“ ۋە ”ئۇيغۇرىستان“ ئىدى. ”غەربىي دىيار“، ”شىنجياڭ“ ئەمەسىدى.

13 - تۆمۈر ئىمپېراتورلۇقى بارلاس قەبىلىسىدىن بولغان تۆمۈر ماۋەرائۇننەھردە مىلادى 1370 ـ يىلى چاغاتاي خانلىقىغا خاتىمە بېرىپ، تۆمۈرىيلەرخانلىقىنى قۇردى. 1370 ـ يىلىدىن 1379 ـ يىلىغىچە خارەزىم 1389 ـ يىلى ئۇيغۇرىستان(تۇرپان، قاراشەھەر)نى، 1401 ـ يىلى ئىراق ۋە جەنوبىي ئانا دولۇنى، 1391 ـ 1398 ـ يىللارغىچە ئالتۇن ئوردۇ خانلىقىنى، 1398 ـ 1399 ـ يىللىرى ھىندىستان دېھلى سۇلتانلىقىنى، 1401 ـ 1402 ـ يىللىرى سۈرىيەنى، 1402 - يىلى ئەنقەرە ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوسمانلى دۆلىتىنى ئەمر ئاستىغا ئالدى. چىنغا يۈرۈش قىلغان تۆمۈرلەڭ يولدا ئاغرىپ، 1405 ـ يىلى ۋاپات قىلدى. تۆمۈرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تۆمۈرىيلەر دۆلىتى ئەۋلادلىرى ئارسىدىكى تەخت ماجىرالىرى تۈپەيلى بۆلۈندى. يالغۇز ھۈسەين بايقارا خوراساندا خانلىقىنى 1506 ـ يىلىغىچە داۋاملاشتۇرالىدى. ھۈسەين بايقارانىڭ ئوغلى بەدىئوززامان دەۋرىگە كەلگەندە ئۆزبېك مۇھەممەد شەيبانى خان 1507 ـ يىلى ھېراتنى زەبت قىلىپ، خۇراسان خانلىقىغا خاتىمە بەردى. زۇھۇرۇددىن بابۇر مەملىكىتىدە مۇۋەپپىقىيەتسىزلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، 1514 ـ يىلى ھىندىستانغا چىقىپ تۈرك ـ ھىند ئىمپېراتولۇقىنى قۇردى. بۇ دەۋردە ئانا يۇرتىمىز تۆمۈرىيلەر دۆلىتى ئىچىدە ئىدى. ”غەربىي دىيار“، ”شىنجياڭ“ ئەمەسىدى.

14 - سەئىدىيە (ياركەند) خانلىقى تۆمۈرىيلەر چاغاتاي خانلىقىنى يىقىتقان 1389 ـ يىلىدىن 1506 ـ يىلىغىچە يەنى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ كىچىك ئوغلى خىزىر خوجا خاندىن باشلاپ، سۇلتان مەھمۇد خانغىچە 9 نەپەر خان چاغاتاي خانلىقىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستان ھەمدە غەربىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم يەرلىرىدە 117 يىل سەلتەنەت سۈرگەنىدى. مىلادى 1514 ـ يىلى سەئىد خان ياركەندە سەئىدىيە خانلىقىنى رەسمى قۇردى. سەئىدىيە خانلىقى ئەڭ كۈچەيگەن دەۋرلەردە شىمال ـ غەربىي شىمالدا ئىرتىش دەرياسى، غۇلجا، يەتتەسۇ رايونى، شەرقتە قۇچۇ ― تۇرپان، بەشبالىق، جەنوبىدا چەرچەن، خوتەن، لاداخ، كەشمىر، بىلۇرستان، بالتىستان، غەرب، غەربىي جەنوبىدا كاشغەر، پەرغانە، ۋاخان، بەدەخشانلارغىچە بولغان كەڭ رايونلار سەئىدىيە خانلىقىغا قارايتتى. بۇ خانلىق مىلادى 1506 ـ يىلىدىن 1688 ـ يىلىغىچە جەمى 182 يىل ياشىدى. خائىن ئاپپاق خۇجىنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن جۇڭغار موڭغۇل خانلىقى سەئىدىيە خانلىقىنى يىقىتتى. بۇ دەۋردە ئانا يۇرتىمىزنىڭ نامى سەئىدىيە (ياركەند) خانلىقى ئىدى. ”غەربىي دىيار“، ”شىنجياڭ“ ئەمەسىدى.

15 - خوجىلار خانلىقى ― سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلرىدە جۇڭغار موڭغۇللىرى كۈچىيىپ، باشلىقى غالدان قۇنتەيجى جۇڭغار خانلىقىنى قۇرغانىدى. بۇ ۋاقىتتا ھاكىمىيەت سودىسىغا مۇبتىلا بولغان مۇھاجىر خوجىلاردىن ھىدايەتۇللاھ مىلادى 1676 ـ يىلى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى ئىسمائىل خانغا قارشى قوزغىلاڭ قىلىپ مۇرىدلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن پايتەخت ياركەندنى ئالدى. ئىسمائىل خاننى ئەسىر قىلىپ ئۆزى خان بولدى.

ئۇزۇن ئۆتمەي سەئىدىيە خاندانىدىن مۇھەممەد ئىمىن خان ھىدايەتۇللاھ خوجىنى مەغلۇپ قىلىپ، ياركەندنى قايتۇرۇپ ئالدى. ئىلىغا قاچقان ھىدايەتۇللاھ، غالداندىن پاناھ تىلەپ ھەربىي ياردەم سورىدى. خېلىدىن بىرى ئالتە شەھەرنى ئېلىش ئارزۇسىدا يۈرگەن غالدان 60 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن 1679 ـ يىلى ھىدايەتۇللاھنى ئالدىغا سېلىپ، ئالتە شەھەرگە يۈرۈش قىلدى. مۇھەممەد ئىمىن خان ئاقسونى قاتتىق موداپىئە قىلغان بولسىمۇ، ھىدايەتۇللاھنىڭ تەشۋىقى بىلەن كاشغەر، ياركەندىكى مۇرىدلىرى ئىسيان چىقارغاچقا، خان ياركەندگە قايتىشقا مەجبۇر بولدى، غالدان ئاقسۇ، كاشغەرلەرنى قارشىلىقىسىزلا ئالدى. ياركەندنى قورشىدى. مۇھەممەد ئىمىن خان قاتتىق مۇداپىئە تەرتىباتى ئالغاچقا، غالدان ئامالسىز قالغانىدى. موشۇنداق جىددى پەيتتە يەنىلا ھىدايەتۇللاھنىڭ خائىنانە ھەرىكەتلىرى ۋە تەشۋىقى بىلەن شەھەر ئىچىدىكى مۇرىدلىرى ئىسيان قىلىپ، مۇڭغۇللارغا دەرۋازىنى ئېچىپ بەردى. مۇھەممەد ئىمىن خان شەھىد بولدى، شەھەر خەلقى قەتلىئام قىلىندى. 170 يىللىق ئسلام خانلىقى يىقىلدى، جۇڭغار قورچىقى خائىن ھىدايەتۇللاھ 1688 ـ يىلى موڭغۇللار ياردىمى بىلەن قايتا «خان» بولدى ۋە موڭغۇللاردا شەرەپ ئۇنۋانى بولغان «ئاباق» ئۇنۋانى بېرىلدى، شوندىن باشلاپ بۇ مىللەت خائىنىنىڭ نامى «ئاپپاق خوجا» ئاتالدى. شاھ مەشرەپ ئاپپاق خوچا ھاكىمىيىتىنىڭ جۇڭغار خانلىقىدا تۇرۇشلۇق مۇختار ئەلچىسى ئىدى. 1668 ـ يىلى ئاپپاق خوجا بىلەن باشلانغان خوجىلار دەۋردە جەمئى 13 نەپەر خان (خوجا) 1863 ـ يىلىغىچە 195 يىل ئالتە شەھەردە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشتى، مانا بۇ دەۋردە ئانا يۇرتىمىزنىڭ نامى ”خوجىلار خانلىقى“ ئىدى. ”غەربىي دىيار“، ”شىنجياڭ“ ئەمەسىدى.

16 - يەتتە شەھەر خانلىقى (ياقۇببەك دۆلىتى) پەرغانىلىك ئۆزبېكلەردىن ياقۇببەك بۇزرۇكخان تۆرە خىزمىتىدە كاشغەرگە كەلگەنىدى. 1863 ـ يىلى كاشغەرنى 1864 ـ يىلى ياركەندنى ئالغاندىن كېيىن بۇزرۇكخاندىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ياقۇببەك كاشغەر خانى بولدى. 1865 ـ يىلى خوتەننى ئېلىپ، 1866 ـ يىلى ئاقسۇ، كۇچالارنى ئالدى. كېيىن كورلىنى ئېلىپ تۇرپان، ئۈرۈمچى، ماناس، ئىلىلەرنى ئالدى. 1869 ـ يىلى سېرىققۇلنى ئالدى. شۇنداق قىلىپ شىمالدا چۆچەك، ئالتاي، شەرقتە قۇمۇل، باركۆلدىن باشقا پۇتۇن شەرقىي تۈركىستان ياقۇببەك ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىردى. 1870 ـ يىلى ياقۇببەك سۇلتان ئابدۇلئەزىز نامىغا خۇتبە ئوقۇتۇپ، ئالتۇن ـ كۈمۈش پۇللارنى قۇيدۇردى. ئوسمانلى تابىئى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇ يىلى ئەنگىلىيە ۋە رۇسىيە يەتتە شەھەر خانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئىستېلاچى چىن قۇشۇنلىرىغا قارشى شىمال يۇرۈشكە چىققان ياقۇببەك مۇۋەپپىقىيەتسىزلىككە ئۇچراپ كورلىغا كەلگەندە زەھەرلىنپ، 1876 ـ يىلى 57 يېشىدا ۋاپات قىلدى. چوڭ ئوغلى بەكقۇلىبەك ئاقسۇ، كاشغەر، ياركەند، خوتەنلەردە ھاكىمىيەتنى قولدىن بەرمەي 1878 ـ يىلى ئاپرېلغىچە خانلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرى پەرغانىگە كېتىشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن 15 يىل ياشىغان يەتتە شەھەر خانلىقى مۇنقەرىز بولدى. بو دەۋردە ئانا يۇرتىمىزنىڭ نامى يەتتە شەھەر خانلىقى ئىدى. ”غەربىي دىيار“، ”شىنجياڭ“ ئەمەسىدى.

بۇ تارىختىن كېيىن چىنلىقلار يېڭى يەر مەنىسىدىكى ”شىنجياڭ“ دېگەن مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى بولغان نامنى قويدى. ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئانا يۇرتىنىڭ مۇقەددەس نامى شەرقىي تۈركىستاننى ئۈنتۇپ قالغىنى يوق. يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا بولغان ھەممە ئىنقىلابلاردا شەرقىي تۈركىستان سۆزى ھەرىكىتىمىزنىڭ پروگراممىسى ۋە يادروسى بولۇپ كەلدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ نام ئۈچۈن، ئىستىقلال ئۈچۈن مۇجادىلىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

II

ماقالىنىڭ 2 ـ بۆلۈمىدە ”شەرقىي تۈركىستان“، ”چىنى تۈركىستان“ ۋە يۈكسەك مىللىي مۇختارىيەت ئاتالغۇلىرى ئۈستىدە توختالغان ئاپتور بۇ مەسىلىلەردە پۈتۈنلەي ئستېلاچىلار ۋە مۇستەملىكىچىلەرنىڭ كۆز قارىشى بويىچە پىكىر يۈرگۈزۈپ ”شىنجاڭنىڭ..... ھازىرقى زامان تارىخىدىن خەۋەردار كىشىلەرگە مەلۇمكى، يېقىنقى بىر نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، بەزى ئەللەرنىڭ (رۇسىيەنى دېمەكچى) ئاخبارات ۋە مەتبۇئات ئورۇنلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسى تەقەززاسى بويىچە شىنجاڭنى گايىدا ”شەرقىي تۈركىستان“ دەپ ئاتىسا گايىدا ”شىنجاڭ“ دەپ ئاتاشنى ئادەت قىلىپ كەلدى. يەنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نورما ھالەتتە ”شىنجاڭ“ دېيىلسە، غەيرى نورمال ھالەتتە دەرھال ”شەرقىي تۈركىستان“ دېگەن ئىبارە جاراڭلاشقا باشلايدۇ... ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئىيتقاندا ”شەرقىي تۈركىستان“ دېگەن ئىبارە يەر نامى بولۇشتىن كۆرە، سىياسى ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان بارومېتىر سىترىلكىسىغا ئايلاندى. بۇ ئەمەلىيەتتە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى يۈرگۈزۈشنىڭ يەنە بىر شەكلى ئىدى.... دەيدۇ.

مەلۇمكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يۈكسەك تاغ ۋە يايلاقلىرىدىن تەشكىل بولغان شەرقىي قىسمى ”يۈكسەك ئوتتۇرا ئاسىيا“ دېيلىدۇ. تۈزلەڭلىكلەردىن تەشكىل تاپقان غەربى قىسمى بۇ كەڭ رايوننىڭ ئويمان قىسمىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. ئاسىيانىڭ بۇ قىسمىدا تۈركى خەلقلەر ياشىغانلقى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپراقلىرىغا كەڭ مەنىدە ”تۈركىستان“ دېيىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ پامىر بىلەن ئالتاي تاغلىرى ئارىسىدىكى تاغلىق جايلارنىڭ شەرقىي قىسمى شەرقىي تۈركىستان، غەربىي قىسمى غەربىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىدۇ.

بەزى چەتئەللىك ئاپتورلار بۇ يەرلەرنىڭ سىياسى ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، شەرقىي تۈركىستانغا چىن تۈركىستانى، غەربىي تۈركىستانغا رۇس تۈركىستانى دەپ كەلگەنىدى. رۇسىيە پارچىلانغاندىن كېيىن غەربىي تۈركىستانغا بېرىلگەن ئىستېلاچىلىق پۇرىقى قويۇق رۇس تۈركىستانى دېگەن ئاتالما ئىسېمالدىن قالدى. چىنىي تۈركىستان ئاتالمىسىنىڭمۇ ئۆمرى ئۈزۈن داۋام قىلمىسا كېرەك. مۇستەملىكىچىلەر ”تۈركىستان“ ۋە ”شەرقىي تۈركىستان“ دېگەن تارىخىي نامىمىزنى تارىخ سەھنىسىدىن قانداق سۈپۈرۈپ تاشلىغان بولسا، يىقىن كېلىچەكتە شەرقىي تۈركىستان خەلقى «چىنى تۈركىستان»، «شىنجياڭ» دېگەن بۇ ئاتالغۇلارنى تارىخ سەھنىسىدىن سۈپۈرۈپ تاشلىغۇسىدۇر.

كەڭ بىر جۇغراپىي بىرلىك بولغان ”ئوتتۇرا ئاسىيا“ تەبىرى جايىدا قوللىنىلغان بىر جۇغراپىي ئاتالغۇ بولغىنىدەك، ئاساسىي ئۇنسۇرىنى تەشكىل ئەتكەن تۈركى خەلقلەرنىڭ ۋەتىنى ئۈچۈن تۈركىستان تەبىرىنى قوللىنىش ئىنتايىن توغرىدۇر ۋە تەبىئىدۇر.

ماقالىنىڭ ئاپتورى ئۇلاپلا ئىنتايىن ھۆرمەتسىزلىك ۋە ئەدەپسىز تەلەپپۇزدا ”پانتۈركىست ئىيسا ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرالار ۋەتەننى پارچىلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن شۇ چاغدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە تايىنىپ، جۇڭگو زېمىندىن ئايرىلماسلىق شەرتى ئاستىدا شىنجاڭدا ئاتالمىش ”يۈكسەك مىللىي مۇختارىياتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇش پروگراممىسىنى ئۇتتۇرىغا قويدى ۋە مۇستەقىللىق ئۇقۇمنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شىنجاڭنى ”چىنى تۈركىستان“ دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلدى...“ دەپ يازىدۇ.

دۇنيادىكى مۆتەبەر ئىلمىي ئانسكلوپېدىلەردە ”پانتۈركىزم“ ئاتالمىسىغا بېرىلگەن تەبىر ”تۈركىي تىلدا سۆزلەشكۈچى بارلىق تۈركىي خەلقنى سىياسى جەھەتتىن بىرلەشتۈرۈپ بىر تۈرك دۆلىتى قۇرۇش مەسلىكى پانتۈركىزم، بۇ مەسلەكنىڭ تەرەپدارلىرى پانتۈركىست دېيلىدۇ“ دەپ يېزىلغان. مەرھۇم ئىيسا ئەپەندىم، مەرھۇم مۇھەممەد ئىمىن ھەزرىتىم قاچان، قەيەردە پۈتۈن دۈنيا تۈركلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر تۈرك دۆلىتىنى قۇرىمىز دەپ مەيدانغا چىقىپتىكەن؟ نۇتۇقلىرىدا، ئەسەرلىرىدە، دەئۋالىرىدا شۇنداق دەپتىكەنمۇ؟ ئىرقىمىز تۈرك، تىلىمىز تۈركچە، ۋەتىنىمىز تۈركىستان... دېگىنى ئۈچۈن، شۇنداق قاراشتا بولغىنى ئۈچۈن بۇ زاتلار پانتۈركىستمىدى؟ ئاپتور قايسى مەيداندا، كىمنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ بۇنداق دەيدۇ؟ ئاپتور پانتۈركىست ئىيسا، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرالار...دەيدۇ؟ ھەزرىتىمنىڭ سويادى بولغان بۇغرانىڭ ئارقىسىغا كۆپلۈك قوشۇمچىسى... ىلار قۇشۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆتكۈر ئەپەندىم يوقمىدى. ئەپەندىم قاچاندىن بېرى بۇ ”لار“نىڭ ئىچىدىن چىقىپ كەتكەن. ئەگەر مىللىتىم تۈرك، تىلىم تۈركچە، ۋەتىنىم تۈركىستان دېگەن ئادەم پانتۈركىست بولىدىغان بولسا بىلگە قاغان، مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەد يەسەۋى، ئەلى شىر ناۋايى.... قاتارلىق نۇرغۇن داھى، ئالىم ... لار پانتۈركىست بولغان بۇلىدۇ. ئىرقىمىز تۈرك، تىلىمىز تۈركچە، دەپ كىتاب يېزىۋاتقان، شۇنداق دەپ دەرس بېرۋاتقان تۈركىيەدىكى ۋە سىرتتىكى ئالىملارنىڭ ھەممىسى پانتۈركىست بولغان بولىدۇ. بۇنداق قاراش تۈرك خەلقلىرىنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان پانئىسلاۋىستلارنىڭ، چىن شوۋنستلىرىنىڭ قارىشىدۇر. تۈركچى دېگەن ئاتالما ئۇلارچە سەلبى بىر ئاتالما بولسا، بىزچە ئۇ بىر ئىجابى ئاتالغودۇر. «نە مۇتلۇ تۈركۈم دېيەنە!» دېگەن ئاتا تۈركنىڭ بۇ مەشھۇر يالداما سۆزى بىزنىڭ قەلبىمىزگە مەڭگۈ نەقش قىلىنغان. دۇنياغا تۈرك بولۇپ كەلدۇق، تۈرك پېتىچە كېتىشىمىز كېرەك. بۇ ئېتىقاد بىزنىڭ مىللىي ۋىجدانىمىزدۇر. بۇنى ھېچ قانداق مەنپەئەتكە ساتقىلى بولمايدۇ.

ئەمدى يۈكسەك مىللىي مۇختارىيەت مەسىلىسىگە كەلسەك، 1948 ـ يىلى 10 - ئايدا ئىيسا ئەپەندىم، مۇھەممەد ئىمىن ھەزرىتىم مېنى نەنجىڭدىن ئۈرۈمچىگە چاقىرتتى. يىغىن ئاچتۇق، پارتىيە قۇرۇش ۋە يۈكسەك مىللىي مۇختارىيەت تەلەپ قىلىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى ۋە شۇ دەۋردىكى خەلقئارا، چىن، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. نەتىجىدە پارتىيە قۇرۇش ۋاقتىنچە تۇختىتىپ قۇيۇلدى. يۈكسەك مىللىي مۇختارىيەت لايىھىسى، نىزامنامىسى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تۈزۈش قارار قىلىندى. بۇنى تۈزۈشكە ئبراھىم مۇتىئى، پۇلات قادىرى، ئۆتكۈر، ھاجى ياقۇبتىن ئبارەت 4 كىشى بەلگىلەندى. مېنى نەنجىڭدىن كەلگەن مېھمان دەپ گۇرۇپپا باشلىقى تەيىنلەشتى، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر، ماتېرىياللار ئۆگىنىلدى، ئاخىرى يۈكسەك مىللىي مۇختارىيەت لايىھىسى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلى نىزامى ۋە باشقا ھۆججەتلەر تۈزۈلدى. مەزمۇنى ئۆتكۈر ئەپەندىم ماقالىسىدا كۆرسەتكەندەك ”چىنى تۈركىستان، يۈكسەك مىللىي مۇختارىيەت ھۆكۈمىتى“نىڭ پروگراممىسى بويىچە شىنجاڭنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولىدىغان دىپلۇماتىك ئالاقىسى، چېگرا مۇداپىئەسى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ قۇلىدا بولغاندىن تاشقىرى، سودا، قاتناش، يېزا ئېگىلىكى، مەمۇرىيەت، سىياسى قانۇن، مەدەنىي مائارىپ، ئاخبارات ۋە مەتبۇئات قاتارلىق ئىچكى ئىشلار ھۇقۇقى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا بولۇشى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز شىنجاڭغا ئىچكى ئۆلكىلەردىن كۆچمەن كەلتۈرۈلمەسلىكى، شىنجاڭغا تۆمۈر يول سېلىنماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەپەندىم بىر - ئىككى نۇقتىنى ئۇنتۇغان بولۇشى كېرەك. ئۇ بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە قېرىنداش دۆلەتلەر بىلەن دىپلۇماتىك مۇناسۋەتتە تۈركىي (يەرلىك) خەلقلەرمۇ قاتنىشىشى، ئىچكى قوغداش كۈچلىرى بىلەن ساقچىلار يەرلىك خەلقتىن بولۇشى لازىم دېگەن ماددىلارمۇ بارىدى. لېكىن بۇ ھۆججەتلەر تېخى قاراردىن ئۆتمىگەن. ئېلانمۇ قىلىنمىغانىدى. ئەپەندىم ماقالىسىدا: ”ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى قارشى تۇردى، قۇشۇلمىدى“ دەپتۇ. تېخى قاراردىن ئۆتمىگەن، ئېلان قىلىنمىغان، چىنى تۈركىستان يۈكسەك مىللىي مۇختارىيەت پروگراممىسىغا قانداق قارشى تۇرىدۇ؟ بۇنىسى يالغان. 1948 ـ يىلى نەنجىڭدا ئېچىلغان گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا شىنجاڭنىڭ نامىنى چىنى تۈركىستانغا ئۆزگەرتىش، شىنجاڭغا تۆمۈر يول سالماسلىق، ئالتايدىن خوتەنگە قارىتىپ تۆمۈر يول سېلىش، خەلق كۈچۈرمەسلىكتىن ئىبارەت... لايىھىلىرىمىز قاراردىن ئۆتكەنىدى. بۈگۈنكى چىن قۇرۇلتايلىرىدا بۇ مەسىلىنى قاراردىن ئۆتكۈزۈش ئەمەس، ئېغىزغا ئېلىشمۇ مۇمكىن ئەمەستۇر. ئەپەندىم يەنە، بۇ تەشەببۇس شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە خىلاپ، تارىخنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا زىت بولغاچقا ئۇلار تارىخ سەھنىسىدىن سۈپۈرلۈپ تاشلاندى، دەيدۇ. ئىستىقلالدىن تۆۋەن مۇختارىيەتتىن يۈكسەك بولغان يۈكسەك مىللىي مۇختارىيەت شۇ تارىخىي باسقۇچتا شەرقىي تۈركىستان شارائىتىغا ئۇيغۇن ئىدى. بۇ ئىيسا ئەپەندىمنىڭ قارىشى، مۇھەممەد ئىمىن ھەزرىتىمنىڭ قارشى، مەسئۇت ئەپەندىمنىڭ قارشى، شۇنىڭدەك ئۆتكۈر ئەپەندىمنى ئىچىگە ئالغان شەرقىي تۈركىستان مىللەتچىلىرنىڭ قارىشى ئىدى. بۇ ھۆججەتلەرنى پۇلات، مۇتىئى، سىز ۋە مەن تۆتىمىز تۈزگەن ئەمەسمىدۇق، تۆتىمىز تەڭ قەلەم تەۋرەتكەن ئەمەسمىدۇق، تالاشقان، تارتىشقان، ئەمەسمىدۇق، ھەتتا مۇتىئى بىلەن ئىككىڭلا مۇنازىرىدە قىزىرشىپ قالغان ئەمەسمىدىڭلار؟! ئەجىبا ماقالىدا ئەپەندىم ئۆزىنى پۈتۈنلەي چەتكە ئېلىپ، ئۈچىنچى شەخس مەيدانىدا تۇرۇپ يېزىپتۇ. ھەيرانمەن. بۇنىڭ تېگىدە نېمە سىر باردۇر؟ ئاللاھ بىلەر، ئاپتور بىلەر، پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فۇۋېن ئەپەندى بىلەر!

III

ئاپتور ماقالىسىنڭ 3 ـ بۆلۈمىدە:”.... مەيلى شەرقىي تۈركىستان بولسۇن، چىنى تۈركىستان بولسۇن ۋە ياكى ”سىتان“ بايرىقى ئاستىدا شىنجاڭنى ۋەتەن زېمىندىن ئايرىۋېلىش يولىدىكى ھەر قانداق بۆلگۈنچىلىك سۈيقەستلەر بولسۇن ھامان ئۈزۈل ـ كېسىل مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم. چۈنكى مۇنداق ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ جانىجان مەنپەئىتى بىلەن ئورتاق ئارزۇسىغا، جۇڭخوا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ياشاۋاتقان بىر مىلىيارت بىر يۈز مىليۇن ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئوبېيكتىپ قانۇنىيىتىگە زىتتۇر“ دەيدۇ.

بۇ ئابزاستا ئاپتور شەرقىي تۈركىستان خەلقلىرىنىڭ زۇلۇمغا، مۇستەملىكىچىلىككە، بايلىقلىرىمىزنى تالان ـ تاراج قىلىشلىرىغا، مۇھاجىرەت ئېقىمىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قەھرىمانە، پىداكارانە كۈرەشلىرى، ئىنقىلابلىرىنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەتكە مەھكۈم، دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. ئاپتورنىڭ ھۆكمى بويىچە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئىككى قولنى كۆتۆرۈپ تەسلىم بولماقتىن باشقا يول يوق ئىكەن. ”ھۇببۇل ۋەتەنى مىنەل ئىمان“ نى ئاپتورىمىز ئۇنتۇپ قالدىمىكىن؟ بىز ئىنقىلاب قىلساق، ئىنسانىي ھەقلىرىمىزنى تەلەپ قىلساق، چىندىكى بىر مىليارتتىن ئارتۇق ھەرمىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىگە زىت كېلەمدىكەن؟ بۇ سەئىدىيە خانلىقى دەۋردىكى ھىدايەتۇللاھ ئاپپاق خوجىنىڭ، يەتتە شەھەر خانلىقى دەۋردىكى نىياز ھېكىم بەگنىڭ، بۇرھان شەھىدىنىڭ، سەيپىدىن ئەزىزنىڭ، مۇھەممەد ئىمىن يۈسۈپ...لەرنىڭ پەلسەپىسى ۋە سەپسەتىسىدۇر. ئەپەندىم مۇنداق دېمەسلىكى كېرەكىدى. بارىن ئىنقىلابىنى، بارىن ئىنقىلاپچىلىرىنى كۇفۇرلەش ئەمەس، تەقدىرلەش، شەھىدلىرىمىز ھەققىگە دۇئا قىلىش لازىمىدى. ئىنشا ئاللاھ بارىن شەھىدلىرى ئۈچۈن مىللىي «ئابىدە»لەر تىكلەيدىغان زامانلارمۇ كېلەر. جانابى ھەق بۇ شەھىدلىرىمىزنى جەننەتتە قىلسۇن! دۇنيادا ھەممە شەيئىلەر ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. چىنغا قارىغاندا چىش - تىرنىقىغىچە قوراللانغان كۈچلۈك رۇسىيە نېمە بولدى؟ رۇسىيەنى كىم پارچىلىنىدۇ دېيەلەيتتى. ھازىرقى چىن كۆرۈنۈشتە قوددرەتلىك بىر دۆلەت بولۇپ كۇرۈنگىنى بىلەن ئۇنىڭ ئىچكى جەھەتتىن، سىياسى، ئىقتىسادى، مىللىي.... ۋە باشقا جەھەتلەردىن چۆكۈپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق چىنمۇ پارچىلىنىش گىردابىغا كېلىپ قالغان بىر مەملىكەتتۇر. چىندىن ئايرىلىش ھەرىكىتى تېبەتتە، شەرقىي تۈركىستاندىلا ئەمەس، موڭغۇل ۋە مانجۇرىيە ھەتتا چىننىڭ كانتون، شاڭخەي كەبى ئايماقلىرىدىمۇ ئايرىلىش پىكرى ۋە ھەرىكەتلىرى كۈچلۈك داۋام قىلماقتا. بۇنىڭ ئۈستىگە تەيۋەن مەسىلىسىمۇ بار. ھەتتا بەزى خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ پىكرىگە قارىغاندا شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي مۇجادىلىنىڭ سەۋىيەسى تىبەتتىن كۈچلۈك ئىكەن. دېمەككى بەزى ئېقىم مەسىلىلىرى ئۇزمانلىرى تىبەتتىن شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلالىنى بۇرۇنراق قازىنىشى مۇمكىن دېگەن قاراشتىدۇر.

بۇنداق شارائىتتا خارىجدىكى ۋەتەنداشلار تېخىمۇ ئىتتىپاق بولۇپ، يېڭى شارائىتقا ئۇيغۇن ئۇسۇل ۋە قەدەملەر بىلەن ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى ۋە ئىستىقلالى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز لازىم. ئالدى بىلەن خاتا كۆز قاراشلارنى تۇزىتىپ، كۈرىشىمىزنىڭ ساغلام مەنىۋى ئاساسىنى تىكلىشىمىز كېرەك.

ئاخىرىدا ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ 1933 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا سابىت داموللام باشچىلىقىدا كاشغەردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ھەققىدىكى پىكىر - قاراشلىرى ئۈستىدە ئازغىنە توختىلىپ ئۆتىمەن. ماقالىنىڭ ئاپتورى يەنىلا رۇس ۋە چىن مەيدانىدا تۇرۇپ بۇ مىللىي ھاكىمىيىتىمىزنى «ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» دەپ تىلغا ئېلىپ، بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ماھىيىتى تېخىمۇ قەبىھتۇر. ئۇنىڭ تەركىبى چوڭ پومېشىچىك، باي - سودىگەر، يۇقىرى قاتلام دىنىي كىشىلەر، بىر قىسم چەتئەل قاچاقلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئەكسىيەتچى فېئودال پومېشچىكلار سىنىپى بىلەن سودا كاپتالزمنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلاتتى... تاشقى سىياسەتتە ئافغانىستان ۋە ئۇلار ئارقىلىق ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلاندۇرماقچى بولغان. شۇڭا بۇ جۇمھۇرىيەتمۇ يۈز كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تارىخ سەھنىسىدىن سۈپۈرلۈپ تاشلاندى .... دەيدۇ.

خوش، ئەپەندىم شۇ ماقالىنى يازغان، ئوقۇغان، نەشىر قىلغان  كۈنلىرىدە ھەقىقى مللىەتچى كۆز قارىشىدا بولغان بولسا بۇنداق سەپسەتىنى يازمىغان، ئوقۇمىغان، باستۇرمىغان بۇلاتتى. جانابى فۇۋېن ئەپەندى بېسىم ئىشلەتكەن بولسا يازمىسا نېمە قىلالايتتى. ناھايىتى ھۆكۈمەتنىڭ مۇستەشارلقى، تەتقىقاتچى... دېگەن ئۇنۋانلىرىدىن ئايرىلاتتى – يۇ، باشقا ھېچنەرسە بولمايتتى. تۇرغۇن ئالماس ۋە باشقىلار ياشاپ كەلدۇققۇ؟

1933 ـ يىلى كاشغەردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» مېنىڭچە ھەقىقى، مىللىي، ئىسلامى، ئەسرى بىر جۇمھۇرىيەت ئىدى. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى باقانلار (مىنىستىرلار) بىر رۇس يانلىسى (تەرەپتارى)ئابدۇلكەرىمخان مەخسۇمنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغانلىرى مىللەتچى، ئىنقىلابچى، تۈركچى مۇسۇلمان زاتلار ئىدى. بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ تاشقى ئىشلار باقانلىقىدا تۈركىيىلىك ئەھمەد نەدىم ئاتلىق بىر زات بارىدى. ئۇلار رۇسىيەدىن ئەۋەتىلگەن مەنسۇر ئەپەندى، ئابدۇللاھ ئەپەندى، قاسىم ئەپەندى، ئىسھاق بەك، مەۋلانۇپ، مىرغىياس، ساختا ھاجىلاردىن سىيت ھاجى، قادىر ھاجى، ھاشىم ھاجى، نۇرھاجى.... كەبى رۇس ئاجانلىرى(جاسۇسلىرى) ئەمەسىدى. چىنغا ۋە رۇسىيگە قارشى بىر ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ جەنوبىدىكى قوشنىسى ئافغانىستان ۋە ئەنگىلىيەدىن ياردەم ئالماي نەدىن ياردەم ئالاتتى؟ ئالتۇنغا ۋە خام مالغا قۇرال ئېلىنسا ”بېقىندى“ بولامدۇ. «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» تەركىبىدىكىلەر ۋە ئۇندىن باشقا جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىدارىلىرىدە خىزمەت قىلغان مۇھەممەد ئىمىن قارى ھاجى سوفىزادە ”ئىستىقلال جەمئىيىتى“ (پارتىيسى)نىڭ سېكرىتارى ئىدى، مەشھۇر ئالىم، پېداگوگ ۋە مۇپەسسىر ئەھمەد فەرىد ھۆكۈمەتنىڭ مۇستەشارلىرىدىن ئىدى. غۇلامىددىن ئەپەندى (پاختا) نىڭ ئاتىسى ئەھمەد ئاخۇن ئاكا (پاختا) جۇمھۇرىيەتنىڭ مالىيە مەئمۇرلىرى ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندا ئاي يۈلتۈزلۇق كۆك بايراقنى ئاشۇ زاتلار يۇقىرى كۇتۈرگەنىدى. بۇ جۇمھۇرىيەت ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخىدا تۈنجى قۇرۇلغان مىللىي، ئىسلامى، جۇمھۇرىي بىر دۆلەت ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، شەھىد ئىنىلىرى شاھ مەنسۇر (ئابدۇللاھ) ئەمىر ساھىب (نۇر مۇھەممەد) باشچىلىقىدىكى خوتەن ئەمىرلىكى بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئارقا تىرىكى ئىدى. گېئوپولېتىك نۇقتىدىن رۇسلار بۇ جۇمھۇرىيەتنى ئۆزلىرىگە خەۋپلىك سانىغانلىقى ئۈچۈن خۇجا نىياز ھاجىنىڭ قۇلى بىلەن يۇقاتتى. تەقدىر ئىلاھى مەرھۇم سابىت دامۇللا ھاجى (باش باقان) خۇجا نىياز ھاجىلار 1942 ـ يىلى ئۈرۈمچىدە رۇس ۋە چىن جاللاتلىرى تەرىپىدىن ئىدام قىلىندى(ئۆلتۈرۈلدى). شەرقىي تۈركىستانلىق ھەقىقى مىللەتچىلەر بۇ جۇمھۇرىيەتنى قوللىشى، مەدھىلىشى كېرەك. پەقەت چىن ـ رۇس ئىستېلاچىلىرىلا بۇ جۇمھۇرىيەتنى كۈپۈرلەيدۇ. ئۆتكۈر ئەپەندىم قېرىغان ۋاقتىدا (67 يېشىدا) بۇ مەسىلىدە زور بىر خاتالىق ئۈتكۈزدى. بۇنى تەنقىتلىمەي بولمايدۇ.

شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قىلىۋاتقان جەمئىيەتلەر، دەرگىلەر بۇنداق زىيانلىق سەپسەتىلەرگە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشى ۋەتەن، مىللەت ئالدىدا بىر گۇناھتۇر. دېموكراتىك ھۆر تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئۈچۈن مۇنداق ماقالىلەرگە جاۋاپ بېرىش، تەنقىتلەش تېخىمۇ مۇھىم بىر مىللىي بۇرچتۇر. ۋەتەن داۋاسىدا دوست بىلەن دۆشمەننى ئايرىپ مۇئامىلە قىلماق لازىم. كۆزىمىز روشەن، بايرىقىمىز ئېنىق بولۇشى لازىم. تارىخىمىزدا ياخشى ئىش قىلغانلار تەقدىرلەنمىدى، خاتا ئىش قىلغانلار جازالانمىدى. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قىلغان چوڭ خىزمەتلىرى مەيداندا، ھەممە كىشى بىلىدۇ. ئەمما گىزلى(مەخپى) خاتالىقلىرى تەنقىتلەنمىدى. شۇڭا بۇ ماقالىنى يازدىم.

ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستان! ھەممىڭلارغا سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.

رەھمەت ـ تەشەككۈرلەر

 

باش بەت

aturan2003@yahoo.com

بارلىق نەشر ھوقۇقى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىغا ئائىت

 All Rights Reserved Taklamakan Uyghur Publishing 2007 --- 2009 http://www.uyghurweb.net