|
ئابدۇللاھ تالىپ
ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچركلار
كىرىش سۆز
ئىلىم - پەن تارىخچىلىرى 20 - ئەسىرنى «ئىلىم ـ پەن پارتلىغان دەۋر» دەپ
ھۆكۈم قىلىشماقتا. مائارىپنىڭ گۈللىنىشى ئارقىسىدا، ھازىر دۇنيادا يىلىغا
650 مىڭ خىل كىتاب يېزىلىپ، مىنۇتىغا بىرخىل كىتاب نەشر قىلىنماقتا، كۈنىگە
900 خىل كەشپىيات بارلىققا كەلمەكتە، ھەر كۈنى 1500 خىل ئىلمىي
دىسسېرتاتسىيە ئېلان قىلىنىۋاتقان ئىلمىي دىسسېرتاتسىيە 5 مىليوندىن،
ئىختىرا، كەشپىياتلار 350 مىڭدىن ئاشماقتا. پەن - تېخنىكا ساھەسىدە
مەيدانغا كەلگەن ئالەمشۇمۇل ئۈچ چوڭ ئىنقىلاب (پار قۇۋۋىتى، ئېلېكتر
قۇۋۋىتى، ھېسابلاش ماشىنىسى) نىڭ ھەممىسى مائارىپ تەرەققىياتى بىلەن زىچ
مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئالىملار: «ھازىرقى زامان دەرۋازىسىنىڭ ئاچقۇچى –
مائارىپ» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ پەرىزىچە،
باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىلىك ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى 43%؛
ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىلىك ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى 108%؛
ئالىي مەكتەپ سەۋىيىلىك ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇنۇمدارلىقى 300%
بولىدىكەن. بۇ پاكىتتىن مائارىپنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدا نەقەدەر مۇھىم
ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم. ئېلىمىزدە تۆتنى
زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار كۈرەش نىشانىسى ئوتتۇرىغا
قويۇلغاندىن كېيىن، مەدەنىي - مائارىپ ئىشلىرىمىز كۈندىن - كۈنگە
گۈللىنىشكە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، جۈملىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەر
مائارىپىمۇ ئىنتايىن تېز راۋاجلانماقتا. بۇ تەرەققىياتنى بىز مائارىپ
تارىخشۇناسلىقى ۋە سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق پرىنسىپلىرى ئاساسىدا تەتقىق
قىلىپ كۆرسەك تېخىمۇ ئوچۇق كۈرۈۋالالايمىز. ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىغا ئائىت
ھازىرغىچە ھېچقانداق سىستېمىلىق ماتېرىيالغا ئىگە بولمىغىنىمىز ئۈچۈن،
دەسلەپكى ئىزدىنىش مېۋىسى ئورنىدا مۇشۇ قىسقىچە تارىخ يېزىلدى. بۇ ئۇيغۇر
مائارىپ تارىخشۇناسلىقى ۋە مائارىپ سېلىشتۇرما شۇناسلىقى بىلەن
شوغۇللىنىۋاتقان مائارىپچىلىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئىلمىي
ئىزدىنىشىگە ئاز - تولا ئىلھام بەرگۈسى، دەپ ئىشىنىمىز.
1
- باب مۇئەللىم ۋە مەكتەپنىڭ پەيدا بولۇشى
«ئىنسانىيەت ئەۋلادىنى تەربىيىلەش - ئومۇمىي ۋە مەڭگۈلۈك كاتېگورىيە» (ۋ.
ئى. لېنىن) بولغىنى ئۈچۈن، تەلىم - تەربىيە تارىخى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىلا
باشلانغان. بۇ «ئىپتىدائىي مائارىپ» باسقۇچىدا ئاتا - ئانىلار ئوز
پەرزەنتلىرىگە، تەجرىبىلىك ئۇستىلار شاگىرتلىرىغا، پىشقەدەملەر كىچىكلەرگە
مۇئەللىم ئىدى. ئۆگىتىلىدىغان دەرس تۈرلىرى بولسا قورال - سايمانلارنى
ياساش ئۇسۇلى، ئوتياش يىغىش، ئۆي قۇشلىرىنى ئۆگىتىش ئۇسۇلى، يىرتقۇچلاردىن
قوغدىنىش ماھارەتلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ ئەمگەك ئەمەلىيىتىدە
يۈرگۈزۈلەتتى، كەڭ ئورمانلىق ۋە دالىلار دەرسخانا ئىدى. كېيىنرەك،
ئىشلەپچىقىرىش پەيدىنپەي تەرەققىي قىلىپ، مەھسۇلات ئېشىنىدىغان بولدى.
ئەمگەك تەقسىماتى بارلىققا كەلدى، كەسىپ تۈرلىرى ئايرىلىپ چىقتى. بۇنىڭ
ئارقىسىدا قۇلدارلىق تۈزۈم، دۆلەت ۋە ئۇرۇش پەيدا بولدى. مۇشۇ ئوبيېكتىپ
مەۋجۇدىيەت يېزىقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. يېزىق (خەت) نىڭ ئەڭ
دەسلەپكى ئانىسى 5000 يىللار بۇرۇن قەدىمكى مىسىردا كەشىپ قىلىنغان
ئىرۇگىلىپ (شەكىل) خېتىدۇر، شۇ چاغدا مىسىردا يەنە سامان قەغەز، كالېندار
(شەمسىيە، قەمەرىيە) مۇ ئىجاد قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ يازما
تارىخى باشلاندى. مۇئەللىم ۋە مەكتەپ ئەنە شۇ يېزىق كەشپىياتى ئاساسىدا
پەيدا بولدى. «مەكتەپ» دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىمۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇ.
دۇنيادا تۇنجى مەكتەپ قەدىمكى مىسىرنىڭ تىببىس (تەبەس) دېگەن يېرىدە
قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپنىڭ نامى رامىسسۇم (رامىسسۇم) - «ئوقۇتۇش ئورگىنى» دەپ
ئاتىلاتتى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2870 - يىلى مىسىر پىرئونى ئەسسىنىڭ ۋەزىرى
پىتاھ ھۇتىپ تەرىپىدىن يېزىلغان "سەبۇيەت" ۋە "ئەخلاقنامە" ناملىق كىتاب
رەسمىي ئىجتىمائىي تەربىيە دەرسلىكى بولۇپ بېكىتىلگەن. دەل شۇ مەزگىللەردە
بابىلۇندا پادىشاھ ئاشۇربانپالنىڭ ئوردا كۇتۇپخانىسى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدا 25
مىڭ جىلد كىتاب ساقلانغان. لېكىن كىتاب ۋە دەرسلىكلەرنىڭ كۆپلەپ يېزىلىشى
ھەرپلىك خەت ئىجاد قىلىنغاندىن كېيىنلا مۇمكىن بولدى. قەدىمكى فىنىكىلىقلار
مىلادىدىن 3000 يىللار ئىلگىرى جاھان مائارىپىنىڭ تۇنجى ئانا تىلى دەرسلىكى
"ئېلىپبە" (1) كىتابىنى تۈزۈپ چىقتى. قەدىمكى مىسىر ۋە بابىلۇن مائارىپىنىڭ
تۈرتكىسىدە، قەدىمكى يۇناندا تۇنجى پېداگوگ ئورگىنى ئەپىب قۇرۇلۇپ،
مۇئەللىملەرنىڭ تەلىم - تەربىيە ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدىغان بولدى.
بىراق، بۇ چاغدىكى مۇئەللىملەر قۇلدارلارنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ،
"ياللانما ئەپەندى" دەپ ئاتىلاتتى. ئوقۇتقۇچىلارنى كەمسىتىدىغان بۇ ئاتالغۇ
كېيىنرەك مەنئىي قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇئەللىملەرنى "پېداگوگ" دەپ
ئاتايدىغان بولدى. پەب بالا، گوكىس يېتەكچى - "پەرزەنتلەرنى يېتەكلەش"
دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەرزەنتلەرنى قانداق يېتەكلەش
ئۇسۇلى توغرىسىدا دېداكتىكا ئىلمىي مەيدانغا كەلدى. گرىك تىلىدا بۇ سۆز
دېداكتىكوس (مەن ئوقۇتىمەن) دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ،
قۇلدارلىق تۈزۈمىدە ئىجتىمائىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى پېداگوگ، ئائىلە
ئوقۇتقۇچىلىرى بولسا "مۇئەدىب" دەپ ئېنىق ئايرىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، قەدىمكى
يۇناندا مۇئەللىملەر ئىچىدىن چوڭ پەيلاسوپلار يېتىشىپ چىقىپ،
مۇئەللىملەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇلارنى
كىشىلەر سوپىست ("ئىلىم گۇرۇھى") دەپ ئاتاپ، بەك ھۆرمەت بىلەن تىلغا
ئېلىشىدىغان بولدى. ئىلىم گۇرۇھىدىكىلەر چوڭ ئالىملار ۋە مەشھۇر ناتىق
(ئاراتۇر) لاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجابىي تۈرتكىسىدە، مىلادىدىن بۇرۇن
قەدىمكى يۇناندا ئارقا ـ ئارقىدىن ئاكادىمىيە (2) ۋە ئىنىستىتۇتلار (3)
قۇرۇلدى. مائارىپ تارىخىدا بۇ دەۋر "كلاسسىك مائارىپ دەۋرى" دەپ ئاتىلىدۇ.
كلاسسىك مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسىغا يەتتە خىل دەرس: گرىك - لاتىن
تىلى، ناتىقلىق نەزەرىيىسى، دىئالىكتىكا، ماتېماتىكا، گىئومىترىيە،
ئاسترونومىيە ۋە مۇزىكا كىرگۈزۈلگەن. بۇ "يەتتە سەنئەت" دەپ ئاتالغان.
يۇقىرىدىكى يەتتە سەنئەت پروگراممىسى قاتارىغا كېيىنرەك يەنە تەنتەربىيە
ماھارەت دەرسىمۇ قوشۇلدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 776 - يىلى قەدىمكى يۇناننىڭ
ئولۇمپىيە دېگەن يېرىدە تەسىس قىلىنغان ئولىمپىك (4) تەنتەربىيە ھەرىكىتى
كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا زور تۇرتكە بولدى. كلاسسىك
مائارىپنىڭ ئۇلۇغ نامايەندىلىرىدىن بولغان مەشھۇر ئالىملار، پەيلاسوپلار ۋە
پىداگوگلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋەكىللىرى سوقرات (5)، پرۇتاگراس (6)، دىموكرىت
(7) قاتارلىقلار تەلىم - تەربىيىدە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش مەزمۇن
قىلىنغان بىر يۈرۈش سىستېمىلىق پىداگوگىكا نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بولۇپمۇ ياۋروپا كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئەڭ داڭلىق ۋەكىلى، دۇنيادا بىرىنچى
ئۇستاز دەپ شۆھرەت قازانغان ئارىستوتىل (مىلادىدىن بۇرۇنقى 384 - 322 -
يىللار) مىلادىدىن بۇرۇنقى 335 - يىلى ئافىنادا "روكيان" ناملىق مەشھۇر
ئىنىستىتۇتنى تەسىس قىلغان ۋە چوڭ ئىمپېراتور ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننى
ئوقۇتقان، ئىسكەندەر بۇ مەكتەپكە 800 تاران (8) ئالتۇن ھەدىيە قىلغان. ف.
ئىنگىلس ئارىستوتىلنى قەدىمكى دۇنيادا "ھەممىلا پەندىن خەۋەردار چوڭ ئالىم
ئىدى" دېگەن. دەرۋەقە ئۇ، ئىلىم - پەننىڭ ھەممىلا ساھەلىرىدە ئاجايىپ زور
مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋە ئىنتايىن نۇرغۇن ئەسەر يازغان. ئارىستوتىل
سىياسىي تۈزۈم ئۇستىدە 158 خىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئارىستوتىل ئىلم -
پەننى تۇنجى قېتىم ئۈچ چوڭ كاتېگورىيە (نەزەرىيىۋى بىلىم كاتېگورىيىسى،
ئەمەلىي ئىشلىنىدىغان پەنلەر كاتېگورىيىسى، ئىجادىيەت پىنى كاتېگورىيىسى)
گە ئايرىپ چىققان. ئۇ ماتېماتىكا، لوگىكا، دىئالىكتىكا ۋە باشقا تەبىئىي
پەنلەرنى نەزەرىيىۋى بىلىم كاتىگورىيىسىگە؛ ئەخلاقشۇناسلىق، سىياسەت،
ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيەشۇناسلىق ئىلىملىرىنى ئەمەلىي ئىشلىنىدىغان پەنلەر
كاتىگورىيىسىگە؛ شېئىر، مۇزىكا ۋە باشقا ھەممە سەنئەتنى ئىجادىيەت پەنلىرى
كاتىگورىيىسىگە ئايرىغان. ئارىستوتىل - يەنە لوگىكا ئىلمىنى كەشىپ قىلغۇچى،
دىئالېكتىكا ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى
مائارىپ قامۇسى - ئىنسىكلوپېدىيىسىنىڭ ياراتقۇچىسى، ئارىستوتىل
ئىنسىكلوپېدىسىيىگە ئومۇمىي (ئىنسكلو) مائارىپ (پىدىيا) دېگەنلىك بولىدۇ،
دەپ ئەڭ مۇكەممەل تەرىپ بەرگەن. ئارىستوتىل ئوز قولى بىلەن تەسىس قىلغان
"روكيان" ئىنىستىتۇتىدا مائارىپ (پېداگوگىكا) نىشانىسى قىلىپ توۋەندىكى
مەشھۇر تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويغان. «... گراژدانلارنىڭ ھەممىسىنى
مائارىپتىن ئەركىن بەھرىمەن قىلىش زۆرۈر، مائارىپ ئۇلارنىڭ ئەقلىي،
ئەخلاقىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلالىشىغا ئۇيغۇن
بولۇشى كېرەك...» بىراق، ئارىستوتىل ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە يەنىلا ئەينى
زاماندىكى قۇلدارلىق تۈزۈمىنىڭ مۇتەپپەككۇرى ئىدى. ئۇ بۇ تارىخىي
چەكلىمىدىن نېرىغا بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتەلمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بىرىدە
مۇنداق دېگەن: "قۇللار پەقەت سۆز قىلىشنىلا بىلىدىغان قورالدۇر...".
ئېلىمىزنىڭ خۇئاڭخې ۋادىسى شەرق كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئاساسىي مەركەزلىرىدىن
بىرى بولۇپ، مىلادىدىن خېلىلا بۇرۇن ئېلىمىزدە مەشھۇر "جياگۇ" يېزىقى كەشىپ
قىلىنغان. بۇ يېزىق دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن كەشىپ قىلىنغان يېزىقلار
قاتارىغا كىرىدۇ. "جياگۇ" يېزىقى ئەڭ قەدىمكى باسقۇچتا سۆڭەك ۋە تاشپاقا
قېپىغىلا يېزىلاتتى. ئۇنىڭغا پال تەبىرلىرى ھەم ياخشى - يامانلىق
توغرىسىدىكى قىياسلار پۈتۈلەتتى، بۇ يېزىق تەدرىجىي ئىسلاھ قىلىنىشى
ئارقىسىدا ھازىرقى جۇڭگو يېزىقى ۋۇجۇدتقا كەلگەن. قۇلدارلىق تۈزۈمىدىكى
شەرق مائارىپىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەكىلى كۇڭفۇزى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 551 - 479 -
يىللار) بولۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىي مەكتىپىدە 3000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى
تەربىيلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 70 تىن ئارتۇقراقى شۇ زاماننىڭ ئاتاقلىق
ئالىملىرى ۋە پىداگوگلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىققان. كۇڭفۇزىنىڭ زاماندىشى
پەيلاسۇپ لاۋزى ئۇزۇن يىللار ئوقۇتقۇچى بولۇش بىلەن بىللە ئېلىمىزدە "مىن
فۇ" ناملىق تۇنجى كۇتۇپخانىنى تەسىس قىلغان ھەم ئۆزى كۇتۇپخانا باشلىقى
بولغان. كۇڭفۇزىنىڭ "مۇھاكىمە ۋە بايان" ناملىق ئەسىرىدە ئۇنىڭ مائارىپ
ئىدىيىسى خېلى كەڭ شەرھىلەنگەن. ئۇ "ھەم ئۆگىنىش، ھەم ئويلىنىش كېرەك"،
"ئۆگىنىپ زەرىكمەسلىك، ئۆگىتىپ ھارماسلىق" دەپ تەكىتلىگەن. كۇڭفۇزىنىڭ
ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ يادروسى "ۋاپادارلىق" بولۇپ، ئۇ "ۋاپانىڭ شەرتى
مىھرىبانلىق" دەپ تەشەببۇس قىلاتتى، يەنە "ئۆزۈڭ خالىمىغاننى ئۆزگىگە
تاڭما" دەپ تەكىتلەيتتى. كۇڭفۇزى ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدە ئېلىمىزدە مىلادىدىن
بۇرۇن "مەرىپەتنامە" ناملىق پىداگوگ رىسالىسى يېزىلىپ چىقتى. بۇ ئەسەر
شەرقنىڭ كلاسسىك مائارىپ تارىخىدا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا
ئەينى زاماندىكى مائارىپ تۈزۈمى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، مېتودىكا مەسىلىلىرى
شەرھلەنگەن. ئېلىمىزدە كېيىنرەك بىرمۇنچە يۇقىرى بىلىم يۇرتلىرىمۇ تەسىس
قىلىنغان، مەسىلەن: مىلادىنىڭ 1 - ئەسىردە (غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە)
شوتاڭ مەكتىپى، مىلادىنىڭ 276 - يىلى "گوزىشو" (خانلىق مەكتەپ) تەسىس
قىلىنىپ، مەنسەپدارلىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە
كەلگەندە جۇڭگو مائارىپى كۆپ دەرىجىدە گۇللەندى. دۆلەتلىك كۇتۇبخانىلار
قۇرۇلدى. تىرە ۋە لاتا پۇرۇشلاردىن يېڭىچە قەغەز ياساش كەشىپ قىلىندى. بۇ
كەشپىيات شەرق مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈشتە زور تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە
غەربنىڭ مەتبەئە ۋە قەغەز سانائىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدىمۇ تۈرتكىلىك رول
ئوينىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگو شەرق مائارىپىنىڭ مەركىزىگە
ئايلانغىنى ئۈچۈن، ياپونىيە قاتارلىق قوشنا ئەللەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۈركۈم
- تۈركۈملەپ ئېلىمىزگە كېلىپ بىلىم ئېلىپ تۇردى.
ئىزاھاتلار: (1) بۇ ئاتالغۇ فىنىكىلىقلارنىڭ "ئالپابېيت" سۆزىدىن كېلىپ
چىققان ئالپا ئۈكۈز، بېيت ئۆي يەنى ئۈكۈز قوتىنى دېگەن سۆز. قەدىمكى
فىنىكىلىقلار ئۈكۈزنى "مۇقەددەس ھايۋان" دەپ ھېسابلايتتى. چۈنكى، ئۈكۈز
تىرىكچىلىكنىڭ تايانچىسى ئىدى. (2) ئاكادىمىيە يۇنانلىقلارنىڭ بىر مىللىي
قەھرىماننىڭ نامى. (3) ئىنىستىتۇت گرىك تىلىدا "يېرىم كۇن ئىشلەپ، يېرىم
كۇن بىلىم ئېلىش" دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ چاغدا بىلىم ئېلىش بىلەن
ئىشلەپچىقىرىش بىرلەشتۈرۈلگەنىدى. ئىنىستىتۇتلار ھاۋالىق باغچىلاردا
قۇرۇلغان بولۇپ، ستودىنتلار يېرىم كۈن ئوقۇپ، يېرىم كۇن ئەمگەك قىلاتتى.
(4) ئولىمپىك تەنتەربىيە ھەرىكىتى - يۈگۈرۈش، دىسكا ئېتىش، ئات بەيگىسى،
چېلىشىش، رەسساملىق، شېئىر، دراما، ئوپىرا، مۇزىكا قاتارلىق مۇسابىقە
تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. (5) سوقرات (مىلادىدىن بۇرۇنقى 469 - 399 -
يىللار) "بىلىم ۋە ئىختىساس - ئىنساننىڭ ئەڭ يۈكسەك گۈزەل پىزىلىتى" دېگەن.
(6) پىلاتۇن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 427 - 347 - يىللار) ئۆمۈر بويى
ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 387 - يىلى ئافىنادا ئاكادىمىيە
تەسىس قىلغان، "غايىۋى دۆلەت"، "بىلىم توغرىسىدا" قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى
يازغان. (7) پرۇتاگراس (مىلادىدىن بۇرۇنقى 481 -411 - يىللار) ئاتاقلىق
پىداگوگ، بىرىنچى قېتىم پىداگوگىكا مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. "تالانت
بىلەن ئۆگىنىش ئوخشاش مۇھىم" دەپ تەكىتلىگەن.(8) دىموكرىت (مىلادىدىن
بۇرۇنقى 460 - 370 - يىللار) ئىنسىكلوپېدىست ئالىم. 52 خىل ئەسەر يازغان،
"مائارىپ ئادەمنى ئۆزگەرتەلەيدۇ" دېگەن. (9) تاران - ئەينى زاماندىكى
ئالتۇن بىرلىكى.
2
- باب ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىي مائارىپ
مىلادىدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار چارۋىچىلىق بىلەن دېھقانچىلىققا تەڭلا ئەھمىيەت
بېرەتتى. چۈنكى چارۋىلارغا بوغۇز، يەم - خەشەك تەييارلاش ئۈچۈن ئارپا،
بۇغداي، بېدە ئۆستۈرۈش زۆرۈر ئىدى. مۇشۇ زۆرۈرىيەت سەۋەبىدىن ئىش تەقسىماتى
ئېنىق ئايرىلىپ، خەلقنىڭ بىر قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولاتتى.
مىلادىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپرەك قىسمى يەنىلا چارۋىچى ئىدى.
چارۋىچىلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئۆگىتىۋالغان ھايۋىنى ئىت ئىدى. چۈنكى ئىت ئوۋ
ئوۋلاشقا، چىدىر - ئاق ئۆيلەرنى بېقىشقا، پادىلاردىن خەۋەر ئېلىشقا
بىردىنبىر كېرەكلىك ۋە قارانچۇق ھايۋان ھېسابلىناتتى. چارۋىلارنىڭ كۆپىيىشى
ئارقىسىدا كۆچمە چارۋىچىلىق مەيدانغا كەلدى. ئاق ئۆيلەرنى كۆچۈرۈش، ئوزۇق -
تۈلۈكلەرنى يۆتكەش ئۈچۈن، ئات، ھارۋا، قوتاز كېرەك بولدى. ئات كۆندۈرۈش،
ھارۋا ياساش ئۈچۈن ھۈنەر - سەنئەت كەسپى بارلىققا كەلدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ،
ئۆگىتىش بىلەن ئۆگىنىش، ئۇستا بىلەن شاگىرت مەيدانغا كەلدى. مانا بۇ
ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىي مائارىپنىڭ بىخى ئىدى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە
ئۇيغۇرلار شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. شامان، پېرىخۇئەن ۋە پالچىلار بۇ
دىننىڭ مۇتەپەككۇرى (موللىسى) ئىدى. شامان دىنىنىڭ ئايال خۇداسىنى
ئۇيغۇرلار "ئۇماي" دەپ ئاتايتتى. ئۇماي بولسا كېسەلدىن، دېۋە -
شاياتۇنلاردىن ساقلىنىشنىڭ روھىي مەدەتكارى ئىدى. باخشى بولسا شامان
دىنىنىڭ يەنە بىر روھىي مەدەتكارى ئىدى. كېسەل بولغان كىشىلەر باخشى -
پېرىخۇنلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئازايىم ئوقۇتاتتى. ئۆي ئىچىگە ياكى قورۇ
ئوتتۇرىسىغا ياغاچ موما قاداپ پېرى ئوينىتاتتى، كېسەلنى قىزىتىلغان
تۆمۈردىن ئاتلاتقۇزاتتى، گۈلخان يېقىپ، ئىسرىق سالاتتى، ئوت - سوقتى ۋە
"چەتنەك" تىن ساقلاش ئۈچۈن بوينىغا تۇمار ئېسىپ قوياتتى. لېكىن، كېيىنرەك
پەندى - نەسىھەتنى ئاساس قىلىپ ئەخلاقىي تەربىيە يۈرگۈزىدىغان تەبىرچى
مۇئەللىملەر مەيدانغا كەلدى. ئۇلار كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۇندەيتتى. يامان
ھەرىكەتلەرنى توسۇيتتى. تەبىرچى مۇئەللىملەرنىڭ تەربىيە ئۇسۇلى پالغا تەبىر
بېرىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلاتتى. مەسىلەن: چۈشىدە قارا كۆرسە، ئامىتى
كېلىدۇ؛ چۈشىدە ئاغرىق ئات مىنسە پالاكەت باسىدۇ؛ قوي پادىسى كۆرسە باي
بولىدۇ؛ يامغۇر يېغىپ چۈش كۆرسە، باياشاتلىق بولىدۇ؛ نان دەسسەپ چۇش كۆرسە،
كۆزى كور بولىدۇ؛ ئەقىن سۇغا سىيىپ چۇش كۆرسە، جاراھەت باسىدۇ، دېگەنلەرگە
ئوھشاش. ئەخلاقىي پەندى - نەسىھەت قورالى قىلىنغان بۇنداق تەربىيە ئۇسۇلى
"تەبىرنامە" (ئەرىق پۇتۇك) ناملىق كىتابتا تەھىمۇ روشەن ھۇلاسە قىلىنغان. "
ئەرق پۇتۇك " تىن بىر - ئىككى مىسال: ئەيىق بىلەن تۇڭگۇز داۋان ئۇستىدە
سوقۇشۇپتۇ، ئەيىقنىڭ قارنى يەرىلىپتۇ، تۇڭگۇزنىڭ چىشلىرى سۇنۇپتۇ. بىلگىنكى
بۇ يامانلىقتۇر. ئوغلان ئاتا - ئانىسىغا قەيداپ، بەشى قايغان، پۇتى تايغان
تەرەپكە كېتىپتۇ، چولدە غەرىپ بولۇپ قاپتۇ، كېيىن پۇشايمان يەپ قايتىپ
كېلىپتۇ. بىلگىنكى بۇ ئەزگۇ (ياخشىلىق) دۇر. بۇ ئىككى مىسالدا چوڭقۇر
پەداگوگىكىلىق مەزمۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا تەلىم - تەربىيە مەقسىتى ئېنىق مەلۇم
بولۇپ تۇرىدۇ. شامانىزم ئېتىقادىنىڭ تەربىيە ئۇسۇلى قارىماققا ئىنتايىن
ساددا ۋە كۇلكىلىك كورۇنگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا يەنىلا يورۇقلۇق
بىلەن قاراڭغۇلۇق، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت
كۇرىشىنىڭ ئامىللىرى ئەكس ئەتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا كۆپ ئەسىرلەر، نۇرغۇن
دەۋرلەرنىڭ ئوتۇپ كەتكىنىگە قارىماي، شامانىزم ئېتىقادى ۋە پالچىلىق
ئادەتلىرىنىڭ بۇگۇنگىچە داۋام قىلىپ كەلىشى ھەرگىز تاساددىپىي ئەمەس.
مەسىلەن: ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلىۋاتقان ئىسرىق سېلىش، نوكچا كويدۇرۇش،
قەبرى بەشىغا چىراغ يەقىش، كەلىننى گۇلخان ئۇستىدىن ئاتلاتقۇزۇش، كۇن
تۇتۇلغاندا يىغا - زار قىلىش... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ ئېتىقادنىڭ
قالدۇقلىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېتىقادلىرى باشقا قەبىلە خەلقلىرىگىمۇ چوڭقۇر
تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ھەقتە رىم تارىخچىسى مناند مۇنداق يازىدۇ: " زىمارك
(1) يۇلتۇزدا ئىستەمى (2) تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندا، ئىستەمى قاغان
ئالتۇن تەختتە ئولتۇرىدىكەن، ئالتۇن تەخت چاقىغا قىزىل تاسما بېكىتىكلىك
بولۇپ، ئۇنى ئاتقا سورىتىپ، باشقا چىدىرلارغىمۇ ئېلىپ بارغىلى بولىدىكەن.
چەدىر - بارگاھ ھەرخىل يىپەك پەردىلەر بىلەن بەزەلگەن. بۇ پەردىلەرنىڭ
ئۈستىگە قوراللىق جەڭچى، بورە، يولۋاس، شىرلارنىڭ سۇرەتلىرى كەشتىلەنگەن.
قاغاننىڭ ئالتۇن كارىۋىتى، ئالتۇن ئورۇندۇقى بولۇپ، تۇرنا ۋە توز قۇشلىرى
سۈرىتىدە ياسالغان ئالتۇن ھەيكەل ئۈستىگە قۇرۇلغان. زىمارك چېدىر - بارگاھ
ئالدىغا بارغاندا، بىر تۈركۈم ئادەملەر چىراغ يورۇتۇپ ۋە ئىس پۇرىتىپ
ئەلچىلەرنىڭ يۈك - تاقلىرى ئەتراپىدا توھتىماي يۈگۈرۈپ يۈرگەن. ئاندىن
ئەلچىلەرنى تاغ ئارىسىدىكى چىمەنلىك ئوتتۇرىسىغا يېقىلغان گۇلخان ئۈستىدىن
ئاتلاتقۇزۇپ، ئارقىدىن چېدىر - بارگاھقا باشلاپ كىرگەن". يورۇقلۇق سىمۋول
قىلىنغان شامان ئېتىقادى ئاساسىدا مىلادىنىڭ 763 - يىلى شەرقىي ئۇيغۇرلار
ئومۇميۇزلۇك مانى ئېتىقادىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ
مائارىپ ئىدېئولوگىيىسىدە يېڭى بۇرۇلۇش پەيدا بولدى. مانى (مىلادىدىن
بۇرۇنقى 274 - 215 - يىللار) ئىرانلىق بولۇپ، ئەينى زاماندا ۋائىز، شائىر
ۋە ئاتاقلىق دوختۇر ئىدى. ئۇ مىلادىنىڭ 241 - يىلى يەنى 26 يېشىدىن باشلاپ،
ئۆزىنىڭ دىنىي مەسلىكىنى تەرغىب قىلىشقا باشلىغان. ئۇ: «پۈتۈن ھاياتلىق
كۈرىشى يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، ھەق بىلەن ناھەق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش.
نەپىسىنى تىزگىنلىيەلىگەن ئادەم يامانلىقتىن ساقىت بولالايدۇ، بولمىسا
ئۆزىمۇ، ماددىي دۇنيامۇ ھالاك بولىدۇ» دېگەن. مانا بۇ - مانى دىنىنىڭ
يادروسى. مانى دىنىنىڭ تەرغىباتچىسى پۇرۇستادان 696 - يىلى جۇڭگوغا كېلىپ
مانى دىنىنى تەشۋىق قىلدى. نەتىجىدە مانى دىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە يىلتىز
تارتتى. مىلادىنىڭ 755 - ۋە 762 - يىللىرى، تاڭ پادىشاھى شۇەنزاڭ (685 -
762) نىڭ تەكلىپى بىلەن ئۆڭلۈك (ئەنلۇشەن) ئىسيانىنى باستۇرۇشقا ئوتتۇرا
تۈزلەڭلىككە بارغان ئۇيغۇر گېنېرالى مويۇنچۇر بوكەخان قايتىشىدا لوياڭ
شەھىرىدىن ئىرانلىق تۆت راھىبنى ئېلىپ ئۇرخۇنغا كېلىدۇ. بۇ تۆت مانى راھىبى
ئۆزىنىڭ بىلىم ئىقتىدارى ۋە دوختۇرلۇق تەجرىبىسى ئارقىلىق ئۇرخۇندىكى شامان
باھشىلىرىنى مۇنازىرىدە يېڭىۋالىدۇ. نەتىجىدە مانىزمنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى
ئابرويى بىردىنلا كوتۇرۇلۇپ كەتىدۇ. شەرقىي ئۇيغۇرلار مانى ئېتىقادىنى
ئومۇميۇزلۇك قوبۇل قىلىدۇ ۋە بۇ دىن دۆلەت دىنى دەپ ئېلان قىلىنىدۇ. مانى
دىنى مەكتەپلىرىمۇ كۆپلەپ ئېچىلىدۇ. مويۇنچۇر ھەر ئون ئۆيلۇككە بىر راھىب
(ھەلپەت) بەلگىلەپ، ئۇيغۇرلارنى ئوقۇتىدۇ، ئوقۇتۇش مەزمۇنى پۈتۈنلەي مانى
ئەقىدىلىرى بولىدۇ. مانىزم ئەقىدىسى بويىچە شەرقىي ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ
چاغدىن باشلاپ يورۇقلۇقنى سىمۋول قىلىپ، ئاق كىيىم كىيىدىغان، تام -
تۇرۇسلىرىنى ئاقارتىدىغان، چەدىرلىرىنى ئاق كىگىزدىن ياسايدىغان بولدى.
ھەتتا پۈتۈن ئەسكەرلەرمۇ ئاق كىيىم كىيەتتى(3). 768 - يىلىدىن باشلاپ
ئۇيغۇرلارنىڭ مانى راھىبلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن ئۇرخۇن ۋادىسىغا كۆپلەپ
كېلىپ - كېتىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قول ھۇنەرۋەنلەر، بىناكارلىق
ئۇستىلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيتتى. ئۇلار ئۇيغۇر بىناكارلىق ماھىرلىرى
بىلەن بىرلىكتە ئۇرخۇن شەھەر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، مەشھۇر قاغان ئوردىسى،
ھاتون ئوردىسى قاتارلىق سارايلارنى بىنا قىلغان. شۇ چاغلاردا يەنە نۇرغۇن
مانى ئىبادەتخانىلىرى، ئىبادەتخانا مەكتەپلىرىمۇ قۇرۇلۇپ، بۇ يەردە مانى
مائارىپى يىلتىز تارتقان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي مائارىپى ۋە دۇنيا
قارىشىدا مۇشۇ مەزگىللەردە گەرچە مانى مائارىپ ئىدىيىسى ئۇستۇنلۇكنى
ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئىدەئولوگىيىسىدە تۇتىمىزم
ئەقىدىسى يەنىلا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ئىدى. تۇتىم (توتىم) ھىندىئانچە "
ئۇنىڭ ئۇرۇقىدىن " دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، ئىپتىدائىي
جەمئىيەتتە ھەرقايسى قەبىلە ۋە ئۇرۇقلارنىڭ كۈچلۈك ئېتىقاد سىماسىغا
ئايلانغان. مەسىلەن: ئۇيغۇرلار بورىنى، خەنزۇلار ئەجدىھانى، رۇسلار
ئەيىقنى، بابىلۇنلۇقلار ۋە ھىندىلار كالىنى " مۇقەددەس " دەپ چوقۇنۇپ،
ئۆزلىرىگە تۇتىم قىلىۋالغان. تۇتىم ئەقىدىسى ئىپتىدائىي ئىدېئولوگىيە بولۇش
بىلەن بىللە، ئۇنىڭدا ئىپتىدائىي تەلىم - تەربىيە ئامىللىرى چوڭقۇر يىلتىز
تارتقان. مەسىلەن: ئۇيغۇرلار ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە " ئانا " نى ئەڭ
مۇقەددەس دەپ قاراپ، ئۆزلىرىنىڭ فامىلىسىنى " ئاسىنا قۇلى " دەپ ئاتايتتى.
بۇ " ئانا ئۇرۇقىدىنمەن " دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئەقىدە خەنزۇ
خەلقىدىمۇ قويۇق يىلتىز تارتقان. مەسىلەن: فامىلە دېگەن سۆزمۇ " ئانا
ئۇرۇقىدىن " دېگەن مەنىنى ئۇقتۇرىدۇ. بەزى مىللەتلەرنىڭ كالىنى تۇتىم
قىلىشى، كالىنىڭ پايدىلىق ھايۋان بولغانلىقىدىن، ئۇنىڭ سۈتى، گۆشى، تېرىسى
بولۇپمۇ ئۇنىڭ كۈچى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولغانلىقىدىن بولغان. شۇڭا ئۇ،
مۇقەددەس ھايۋان دەپ قارىلىپ، ئەتىۋارلىنىپ، ئاسرىلىپ بېقىلاتتى ۋە
كۆپەيتىلەتتى. بۆرە باشقا بىر سەۋەب بىلەن تۇتىم بولۇپ قالغانىدى. مەسىلەن:
قەدىمكى زاماندا توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشمە كۈچى ئالتاي تاغلىرى
ئارىسىدا ئادىشىپ ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغاندا، بىر كۆك بۆرىنىڭ يول
باشلىشى بىلەن قامالدىن قۇتۇلۇپ نىجاتلىق تاپقانلىقىدەك تارىخىي رىۋايەت
ئۇلارنىڭ بۆرىنى تۇتىم قىلىۋېلىشىغا سەۋەب بولغان. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ
ئىپتىدائىي مائارىپ ئىدىيىسىگە - ياخشىلىق ۋە نىجاتلىقنىڭ تۇتىمى بولغان
بۆرە رىۋايىتى، جىن - ئالۋاستىلارغا قارشى كۇرەش قورالى قىلىنغان شامان
ئېتىقادىنىڭ سىماسى - ئوت ھەمدە قاراڭغۇلۇق ۋە زۇلمەتكە قارشى كۈرەش قورالى
قىلىنغان مانىزم سىماسى - يورۇقلۇق قاتارلىق ئېتىقادلار چوڭقۇر سىڭگەن.
ئىپتىدائىي مائارىپ باسقۇچىدا ئۇيغۇرلارنىڭ زامان، ماكان، بوشلۇق ۋە
تەبىئەت توغرىسىدىكى بىلىمى خېلى دەرىجىدە كەڭەيگەنىدى. ئۇيغۇرلار " سارت "
سانى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يىپەك يولى سودىسىنى ئىلكىگە ئېلىپ، چارۋا،
دورا - دەرمەك ۋە ھەتتا قاشتېشى سودىسى يۇرگۇزەتتى. ئۇلارنىڭ سودا
كارۋانلىرى چاڭئەن ۋە سوغدى شەھەرلىرىدە سودا ۋەكالەتخانىسى ئاچقان.
ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كىڭىيىپ، شەرقتە بوھەي دەڭىزىدىن غەربتە ئوتتۇرا
دەڭىزغىچە بولغان كەڭ تەرروتورىيىدىكى تاغ - دەريالارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى
تولۇق بىلەتتى. ئۇيغۇرلار باشقا خەلقلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تەس قوبۇل
قىلاتتى. بۇددىزىمنىڭ " قەندىھار سەنئىتى " شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت
ئەنئەنىسىنى يوغۇرۇپ قوشقىنىغا ئوخشاش، ئۇرخۇندىكى بىناكارلىق سەنئىتىدىمۇ
تۈرلۈك خەلقلەرنىڭ (خەنزۇ، سوغدى، ئۇيغۇر) بىلىم - ھۇنەر - ماھارىتى ئەكس
ئەتكەن. ئۇرخۇن مائارىپى تۇرتكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بىلىمىمۇ يۇقىرى
كۆتۈرۈلگەن. تارىخىي بىلىمنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى كالىندارنى
بىرىنچى بولۇپ تۈزگەن ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە كېڭەيتكەن. مەشھۇر
ئۇيغۇرشۇناس فون. گابائىن: "ئۇيغۇرلار كالىندار سىستېمىسى توغرىسىدا كۆپ
ئىزدەنگەن ۋە ئۇنى ئىختىرا قىلغان" دەپ ئىسپاتلايدۇ. كالىندار توغرىسىدىكى
بىر تارىخىي ھېكايە ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئەدەبىياتىدا ئەۋلادتىن ـ ئەۋلادقا
رىۋايەت بولۇپ كەلمەكتە. "... خاقانلارنىڭ بىرى ئۆزىدىن بۇرۇن سادىر بولغان
بىر جەڭنىڭ ئۆتمۇشىنى ئەسلىمەك بولۇپ، كالەندار ۋاقتىنى توغرا چىقىرالماي
نۇرغۇن قېتىم ئادىشىپ قاپتۇ. كېيىن خەلق ئىچىدىن مەرىپەتلىك كىشىلەرنى
توپلاپ مەسلىھەت سوراپتۇ. ئارىدىن بىر دانىشمەن پىكىر بېرىپ: (بۇ ئىشتا
بۇنىڭدىن كېيىن ئەۋلادلىرىمىزنىڭمۇ خاتالىشىپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن 12 ئاي ۋە
12 بۇرجقا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ھەر بىر يىلغا ئىسىم بەلگىلەيلى، تارىخ شۇ
ئىسىملار رېتى بويىچە ھېسابلانسۇن. بىزدىن بۇ ھېسابلاش ئۇسۇلى مەڭگۇ
يادىكار بولۇپ قالسۇن) دەپتۇ، خاقان ماقۇل بوپتۇ - دە، بىر كۇنى ئوۋغا
چىقىپ، دالىدىكى نۇرغۇن ھايۋانلارنى ئالدىغا سېلىپ دەريا لىۋىگە ھەيدەپتۇ.
ئۇلاردىن 12 ھايۋان دەريادىن ئۈزۈپ ئۆتۈپتۇ. ھەممىنىڭ ئالدىدا ئۆتۈپ
كەتكىنى چاشقان بوپتۇ، (يىلنىڭ بەشىغا چاشقان چىقتى) دېگەن تەمسىلدىكىدەك،
دەسلەپكى يىل چاشقاننىڭ نامىدا ئاتىلىپتۇ. چاشقاندىن كېيىن ئۇي (كالا)،
يولۋاس، توشقان، لەھەڭ، يىلان، ئات، قوي، مايمۇن، توخۇ، ئىت ۋە توڭگۇز
رېتىمى بويىچە يىللارنىڭ كالىندار ئىسملىكى تۈزۈلۈپتۇ...". ئۇيغۇرلارنىڭ
ئىپتىدائىي مائارىپ - تەربىيىسىدە بولۇپمۇ فولكلور ۋاسىتىلىرى (قوشاق،
تەمسىل، رىۋايەت) خېلى مۇھىم دەداكتىك رولىنى ئوينىغان. ئۇنىڭدا ئەمگەك
سويۇش، قەھرىمانلىق، ياخشىلىققا دالالەت، يامانلىققا نەپرەت بىلدۇرۇش
ماھىيەتلىرى ئوبرازلىق بايان قىلىنىدۇ. "بوكەخان ھەققىدىكى رىۋايەت" ھەم ""
ناخشا پىرى - چەڭگى " قاتارلىق رىۋايەتلەر ئۇيغۇرلار ئىچىدە قەدىمدىن
تارتىپ دەداكتىك (تەلىم - تەربىيە، پەندى - نەسىھەت) دەرسلىكى بولۇپ كەلدى.
ئۇنىڭ ئالدىنقىسى بوكەخان توغرىسىدىكى تارىخىي رېئاللىقنى رىۋايەت شەكلىدە
چۈشەندۇرىدۇ؛ كېيىنكىسى بولسا ئەستەتىكنىڭ كۇچىنى نامايەت قىلىپ بېرىدۇ...
ئىزاھاتلار: (1) زىمارك - رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەلچىسى، مىلادىنىڭ 561 -
يىلى يۇلتۇزغا ئەلچىلىككە كەلگەن. (2) ئىستەمى - (530 - 581 - يىللار)
غەربىي تۈركلەر سەركەردىسى. (3) شائىر دۇفۇ: " چاڭئەن، لوياڭ شەھەر -
دالالىرىنى ئاق كيىملىك چېرىكلەر قاپلاپ كەتكەن " دەپ يازغانىدى.
3
- باب ئۇيغۇرلاردا يېزىق ۋە ئىدىقۇت مائارىپى
يېزىق - مەدەنىيىتىنىڭ بىردىنبىر سىمۋولى، مائارىپىنىڭ ئاساسىي قورالى.
ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادا يېزىق تارىخى خېلى ئۇزۇن مەدەنىيەتلىك
مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇر يېزىقى يۇنانلىق ئاكا - ئۇكا كەلىر ۋە مەتۇدىلار
(1) ئىجاد قىلغان سلايۋان يېزىقىدىن كۆپ ئەسىرلەر بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن.
مىلادىنىڭ 5 - ئەسىرىگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي يېزىقى يەنسەي (رونىك)
ئېلىپبەسى ئىدى (1 -) جەدۋەلگە قاراڭ)، ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا ئۇرخۇن ئۇيغۇر
ئېلىپبەسى ئىشلىتىلگەن (2 - جەدۋەلگە قاراڭ). قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا
نۇرغۇن قوشاق، مۇزىكا تەكىستلىرى، پەداگوگىكىلىق رىسالىلەر، مەڭگۇ تاشلار
ۋە ئىلمىي ئەسەرلەر يېزىلغان. بۇ يادىكارلىقلارنىڭ بىر قىسمى زامانىمىزغىچە
يەتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنىڭ يىراق ئوتمۇشنى
يورۇتۇپ بەرمەكتە. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى قوشنا مىللەتلەردىن موڭغۇللار،
مانجۇلار، قىتان (كىدان) لار ۋە نايمانلارنىڭمۇ يېزىق ئىجادىيىتىگە ئاساس
سالغانىدى. قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي - مائارىپ ھاياتىدا مۇزىكا، ناخشا
ۋە تۈرلۈك ئەستەتىك ئىقتىدار ئاساسىي تەلىم - تەربىيە ۋاسىتىلىرىدىن بىرى
ئىدى. بۇنىڭدىن 1500 يىل بۇرۇن ئوتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى ۋە كۇيچىسى
قوغۇسۇر ئالتۇن (507 - 687 - يىللار) ئىجاد قىلغان داڭلىق "تۇرا ناھشىسى"
پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئىچىدە، جۈملىدىن مەملىكىتىمىز دائىرىسىدە كەڭ تەسىر
قوزغىغان ۋە ئەسىرلەردىن بەرى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە سىمۋولى بولۇپ
كەلگەن. بۇ مۇزىكا تەكىستى ھازىر خەنزۇ مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكىگە
كىرگۇزۇلۇپ سويۇپ ئوقۇلماقتا. ھەتتا ياپونىيىدىمۇ بۇ تەكىست قىزغىن تەتقىق
قىلىنماقتا. ئەپسۇسكى، بۇ مۇزىكا دەرسلىكىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى
تەكىستى بىزگىچە يەتىپ كەلەلمىگەن. پەقەت مەملىكىتىمىزنىڭ ئاتاقلىق مۇزىكا
دەرسلىك توپلاملىرىدىن بىرى بو چۇغاي تېغى باغرىدىن، ئاقار تۇرا سۇلىرى.
كەڭ دالىنى پۇركەپتۇ، ئاسمان شەكلى چەدىرى. چەكسىز ئاسمان، دالا ھەم،
كۆپكۇك دەڭىز بىپايان. ئەگىز ئوتلار يەلپۇنسە، پەستە مىغ - مىغ كورۇنەر-
سان - ساناقسىز قوي - قۇلانلىغان "ئوردا مۇزىكا تىكىستلىرى توپلىمى" ئىچىدە
خەنزۇچە تەرجىمىسىلا ساقلىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: ئەگەر بىز
قېتىرقىنىپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇ مۇزىكا ۋە ناخشا تىكىستىنىڭ ئوبراز
تەسۋىرى، ئوخشىتىشلىرى چوڭقۇر تەلىم - تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدا
ئۇيغۇرلار (شەرقىي تۇرالار) نىڭ دۇنيا قارىشى، تۇرمۇش ئادىتى، تارىخىي،
جۇغراپىيە مەنزىرىسى ئىنتايىن ئىھچام ۋە تەسىرلىك قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. شۇڭا
ئۇ يالغۇز مۇزىكا دەرسلىكىلا بولۇپ قالماي، بەلكى قىسقارتىلغان تارىخ ۋە
تەبىئەت دەرسلىكى بولۇش قىممىتىگىمۇ ئىگە. "تۇرا ناھشىسى" ۋە "ئەرق پۇتۇك"
بىلەن بىللە ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تۇنجى دەداكتىك ئەسەر
"چاستانى ئىلىك بەگ" داستانى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر كوك تۈرك خاندانلىقى
(552 - 744) دەۋرىنىڭ ھارپىسىدا يېزىلغان. ئۇنىڭدا يورۇقلۇق بىلەن زۇلمەت
ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۇرەشلەر بايان قىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدا خېلى كۆپ
تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە مەزمۇنلار بار. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا
يېزىلغان يازما يادىكارلىقلىرى ئۇيغۇر خەلقىنى ھەقىقىي تارىخىي دەرسلىك
بىلەن تەمىنلىدى. ئۇلاردىن مەشھۇرلىرى: "كۈل تىكىن مەڭگۇ تېشى" (732 - يىلى
تىكلەنگەن)، "بىلگە قاغان مەڭگۇ تېشى" (735 - يىلى)، "تۇنيۇقۇق مەڭگۇ تېشى"
(716 - يىللىرى) ۋە "قۇتلۇق بىلگە قاغان مەڭگۇ تېشى" (759 - يىلى) دۇر.
يۇقىرىدىكى مەڭگۇ تاشلار تەزكىرىلىرى ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ
تارىخىي ھاياتىنى، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەسىرلىك ۋە ئەينەن تەسۋىرلەپ بەرگەن.
ئۇ ھەم تارىخىي دەرسلىك قىممىتىگە ھەم بەدىئىي ئەدەبىيات قىممىتىگە ئىگە.
بۇ مەڭگۇ تاشلار تەزكىرىسىنى يازغان ئاپتورلار شۇ دەۋرنىڭ ئاتاقلىق
ئوقۇتقۇچىلىرى، ئەدىبلىرى ۋە ماھىر خەتتاتلىرى ئىدى. لېكىن، ئۇيغۇرلاردا
يېزىق تارىخى باشلانغاندىن كېيىن، مەكتەپ مائارىپ ئىشلىرىغا تۇنجى ئاساس
سەلىنغان ماكان تۇرپان ئىدىقۇت ھېسابلىنىدۇ. ئىدىقۇت ئەينى زاماندا شەرق
بىلەن غەرب مەدەنىيىتى بىر - بىرى بىلەن سىڭىشىپ يۇغۇرۇلغان مەركىزىي تۇگۇن
ئىدى. ئۇ يەردە تۈرلۈك دىنلار ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ باراتتى،
ئىبادەتخانىلار قۇراتتى، مەكتەپلەر ئاچاتتى، كىتابلار باساتتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى تارىخىدا بۇددا كىتابلىرى ئەڭ كۆپ يېزىلىپ ساقلانغان
جايمۇ ئەنە شۇ ئىدىقۇت ئىدى. بۇ يەردە تەپىلغان يازما يادىكارلىقلار بىر
نەچچە تۇمەندىن ئارتۇق. كىشىلەر ئىدىقۇتنى ئەينى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ
" يەر ئاستى كۇتۇپخانىسى " دەپ بىكار ئەيتمىغان. توۋەندىكى پاكىتلار بۇ
باھانى ئىسپاتلايدۇ: بۇ يەردە نىستۇرى (2) دىنىي ئەقىدىسى مەزمۇن قىلىنغان:
" ئىۋانگلۇم " (بەخت ساداسى)، "سانت گئوركىنىڭ شەھىت بولۇش خاتىرىسى"؛ مانى
دىنىغا ئالاقىدار ئەسەرلەردىن: "ئىككى يىلتىز نوم "، " مانى مۇرتلىرىنىڭ
توۋەنامىسى "، "ئەرق پۇتۇك"؛ زارا ئوستىر (3) (ئاتەشپەرەسلىك) ئەقىدىسىگە
ئائىت ئەسەرلەردىن: "ئەۋلىيا قەسىدىلىرى"؛ بۇددا دىنىغا ئائىت ئەسەرلەردىن:
"ئالتۇن يارۇق"، "سەككىز يۇكمەك"، "ئائىترى سىمىت" ناملىق يىگىرمە يەتتە
پەردىلىك دراما (4)، تارىخىي داستان - "ماھاراباتا"؛ 294 توم 25 كىتابنى
ئوز ئىچىگە ئالغان "سەلتەنەتكە ياردەم بەرگۇچى ئورنەك - تەدبىرلەر"؛ بەش
توملۇق چوڭ چوچەكلەر توپلىمى - "پەنچى تانتىرا"؛ ئەدەبىي ئەسەرلەردىن:
"ئەتەبەتۇل ھەقايىق"، "ئىزوپ مەسەللىرى"، "ئوغۇزنامە" ھەمدە بەش توملۇق
رىۋايەتلەر توپلىمى؛ "چاستانى ئىلىك بەگ"، "قەدىمقى تۇرپان قوشاقلىرى"،
"مەدىتسىنا بىلىملىرى"، "ئىككى تىللىق لۇغەت" ۋە ئىدىقۇت خانلىرىنىڭ مەڭگۇ
تاش خاتىرىلىرى، ئىقتىسادىي ھوججەتلەر؛ ئەرەب يېزىقىدىكى ئەسەرلەردىن:
"تومۇر تەزكىرىسى"، "تەزكىرى ئەۋلىيالار"، "مېراجنامە"، "كوڭۇلنامە"،
"بەختنامە"، "شائىر ھارازىمى تاللانمىلىرى" ۋە "مەۋلانە لۇتفى شېئىرلىرىدىن
تاللانما"؛ بۇنىڭدىن باشقا دېداكتىك تەلىم - تەربىيە مەزمۇنىدىكى ئەدەبىي،
شېئىرىي ئەسەرلەردىن " " ئاھاۋاركا "، " قاليامقارا - پاپامقارا "؛ شېئىرىي
ئەسەرلەردىن: " ئاھاۋاركا "، " قاليامقارا - پاپامقارا "؛ دىداكتىك نەسرىي
ئەسەرلەردىن: " چوڭ مايمۇن پاتمارال "، " بەختىيار شاھزاد "، " رەسسام
بىلەن ياغاچچى ھېكايىلىرى " قاتارلىق ئىنتايىن كۆپ ئەسەرلەر يېزىلغان ۋە
تەرجىمە قىلىنغان. يۇقىرىدا تىزىپ ئۆتكەنلىرىمىز ئىدىقۇتتىن تېپىلغان
مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ پەقەت بىر تۈركۇمىدىنلا ئىبارەت. مۇتلەق كۆپ
قىسمى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ چەتئەل ئارخېئولوگلىرىنىڭ قولىغا
چۇشۇپ كەتكەن. يالغۇز گەرمانىيىنىڭ تۆت قېتىملىق ئارخېئولوگ ئەترىتىلا بۇ
يەردىن ئېلىپ كەتكەن يازما ھۆججەتلەر بىرنەچچە تۇمەندىن ئېشىپ كېتىدۇ!
باشقا ئەللەرنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئىدىقۇتتا قانداق قىلىپ
بۇنچىۋالا تارىخىي يادىكارلىقلار مەيدانغا كەلگەن ۋە ساقلىنىپ قالالىغان؟
بىرىنچىدىن، ئىدىقۇتتا مائارىپ ۋە ئىدېئولوگىيە ئەركىنلىكى يولغا قويۇلغان،
قايسى ئېتىقادقا مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ بىلىم ئىگىسى بولسىلا،
بولۇپمۇ ئەۋلادلارنى تەربىيىلىگۈچى بولسىلا ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. خەلققە
مەنپەئەت يەتكۇزگۇچى بۇنداق كىشىلەر "ئىلتەبىر " (ئىلتەبەر) دەپ ئاتىلاتتى.
ئىككىنچىدىن، ئىدىقۇتتا كىتاب يېزىش ۋە كوچۇرۇش ئەڭ ساۋابلىق كەسىپ دەپ
قارىلاتتى. بۇنداق ئېتىقاد "بۇيان " (بۇيان) دەيىلەتتى. مەسىلەن: پۇتۇلگەن
كىتابلارنىڭ ھاتىمىسىدە مۇنداق سۆزلەر ئالاھىدە يېزىلاتتى: " بۇ كىتابنىڭ
ساۋابى ئالدى بىلەن خان سارىيىغا، ئاندىن قالسا مەرھۇم ئەجدادلارغا ۋە يارۇ
- بۇرادەرلەرگە بولغايلەر...". ئۇچىنچىدىن، ئىدىقۇتتا بىلگە كەڭىشى
(مائارىپپەرۋەر دانىشمەنلەر كەڭىشى) تەسىس قىلىنغان. ئۇلار دەرىجە،
ئۇنۋانلارنى بەلگىلەيتتى ھەم ئەل ئىچىدىكى ئاقارتىش ئىشلىرىغا يەتەكچىلىك
قىلاتتى. بىلگە كەڭىشى نۇرغۇن تىللىق ئىزاھلىق لۇغەتلەر (سانسكرىت -
ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە، تۇخار - ئۇيغۇرچە، سوغدى - ئۇيغۇرچە) نى
قوللانما سۇپىتىدە تۈزۈپ چىققان. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى يەنە سۇپەتلىك قەغەز
كەشىپ قىلغان. خەت پۈتۈلۈشتىن بۇرۇن قەغەز ئۇستىگە ئاق شىلىم سۇرتۇلەتتى.
بۇ قەغەز " پارتلاپ يېزىش ئۇسۇلى" دېيىلەتتى. قاراغۇجىدا يەنە خېلى چوڭ
قەغەز زاۋۇتىمۇ قۇرۇلغان. ئىدىقۇتلۇقلار ئوز ئالدىغا ياغاچ مەتبەئە كەشىپ
قىلغان. ھەرپلەر دانە - دانە كۋادرات ياغاچلارغا ئۇيۇلۇپ، ئاندىن قەلىپقا
بەكىتىلىپ ئۇستىدىن رەڭ سۇرتۇلۇپ خىلمۇ خىل رەڭلىك كىتابلار بەسىلاتتى.
مۇشۇنداق مەتبەئە ھەرپلىرىدىن چەت ئەل ئارخېئولوگلىرىنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىرى
100 مىڭدىن ئارتۇق (4). ئەينى زاماندىكى ئىدىقۇت مائارىپى توغرىلىق
ئاتاقلىق سەيياھ ۋاڭ يەندى (939 - 1006 - يىللار) ئۆزىنىڭ " ئاستانە
خاتىرىلىرى " ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازغان: " ئىدىقۇتتا كەسپىي
مۇئەللىملەر بار ئىكەن، ئۇيغۇرلار شېئىر ۋە قوشاققا ھۇشتار ئىكەن. ئۇلار
ئوز يېزىقىنى كۇندىلىك ئەھتىياج ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تۈرلۈك ئەدەبىي
ئەسەرلەرنى، كىتابلارنى يېزىشقىمۇ ئىشلىتىدىكەن، ئۇ يەردە ھەر خىل تىللاردا
يېزىلغان نۇرغۇن كىتابلارنى كوردۇم...". ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئانا تىلىنىڭ
ساپلىقىنى قوغداپ قالغانىدى. ئۇلار مەنسەپ ناملىرىنى ئاتاشتا ئۇرخۇن
ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلدى. مەسىلەن: ئۇلار " قاغان "
سۆزىنى ئۇزاققىچە قوللاندى. بۇ سۆز ھۆكۈمران، ئىمپەراتور، خان مەنىلىرىدە
بولۇپ، ھون، تۈرك ۋە سىيانپىلارمۇ بۇ سۆزنى ئورتاق ئىشلەتكەن، ھازىرقى
زاماندا بۇ ئاتالغۇ - ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىدىغان ھۆرمەت قوشۇمچىسى
سۇپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. مەسىلەن، قازاقلاردا ئومەرقان، تىلەۋقان،
ئۇيغۇرلاردا ئابدۇكەرىمخان، قادىرخان دېگەنلەردەك. " ئىدىقۇت " سۆزى -
بەختكە يەتەكلىگۇچى دېگەن بولىدۇ. " قۇت " سۆزى ھازىرمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
مەسىلەن: "قۇتلۇق بولسۇن "، "ساڭا بۇ مال قۇت ئەتسۇن، قۇتاپ قالسۇن "
دېگەندەك. قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى (مىلادىنىڭ 9 - 13 - ئەسىرلەر) دەۋرىدە
ئىدىقۇت مائارىپى نۇرغۇن تىلشۇناسلارنى، كۆپ تىللاردىن خەۋەردار
تەرجىمانلارنى، ئابرويلۇق ئوقۇتقۇچىلارنى، مەرىپەتلىك ئەدىب - شائىرلارنى،
دراماتورگلارنى، بوغالتىر - ھېساباتچىلارنى، تىۋىپ - دوختۇرلارنى
يېتىشتۈرگەنىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە: سىڭقۇ سەلى (بۇ ھەقتە كېيىنكى بابىمىزدا
مەخسۇس توختىلىمىز)، ئاتاقلىق ئەدىب ۋە تەرجىمان پىرتانراكشت، مائارىپچى،
يازغۇچى، داستانچى ئاپىرىنچۇرىتكىن، "ھەكمەتلەر پەزىلىتى " نىڭ ئاپتورى،
دەداكتىك شائىر كى كى، شائىر چىنۇيا توتۇڭ، شائىر قالىم كەيشى، شائىر
ئاتساڭ، كولتارقان، ئاسىخ توتۇڭ، قارۇنداز قاتارلىقلار بار. شۇنى
مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە بولىدۇكى: قوچۇ (ئىدىقۇت) خانلىقى دەۋرىدە پۈتكۈل
مائارىپ ئىدېئولوگىيىسى ئۇستىدە ھەرخىل دىنىي ئەقىدىلەر ھۆكۈمران ئورۇندا
تۇراتتى. بىراق، ئۇ ئومۇمىي خەلق ئەدەبىياتى ۋە مائارىپ ئۈچۈن ئېيتقاندا
قىسمەن رامكىدىنلا ئىبارەتە. ئۇنىڭ تەكتىدە خەلقنىڭ ئارزۇ - تىلەكلىرى،
ئىجتىمائىي تۇرمۇش رېئاللىقى، تارىخى ۋە مەدەنىي - مائارىپى يەنىلا كۈچلۈك
ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. بۇنىڭغا مەشھۇر " ئوغۇزنامە " قىسسىسى تېخىمۇ تولۇق
ئىسپات بولالايدۇ. " ئوغۇزنامە " ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ھايات تارىخى،
دۇنيا قارىشى، ئىجتىمائىي ئۆرپ - ئادەتلىرى، پەزىلەتلىرى ۋە جەڭگىۋارلىق
خىسلەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان قىسقا ۋە ئۇنىۋېرسال دەرسلىك قوللانمىدۇر.
ئىزاھاتلار: (1) ئاكا - ئۇكا كەلىر (528 -- 968 كەلىر) ۋە مەتۇدى (728 --
588 مەتۇدى) مىلادىنىڭ 855 - يىل 5 - ئاينىڭ 25 - كۇنى بۇلغارىيىدە تۇنجى
رۇس - سلاۋيان يېزىقىنى كەشىپ قىلىپ بەرگەن. سلاۋيانلار بۇ كۇننى ھەر يىلى
خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. (2) نىستۇرى (401 - 451 - يىللار) - خرىستىئان دىنىنىڭ
بىر مەزھىبى بولغان نىستۇرى ئەقىدىسىنى تەسىس قىلغۇچى. راھىب ئارابان 635 -
يىلى ئىدىقۇتقا كېلىپ بۇ دىننى تەرغىب قىلغان. (3) زارا ئوستىر -
(مىلادىدىن 8 ئەسىر بۇرۇن ئوتكەن) ئۇستا دوختۇر ۋە شائىر، زەردەشىت دىنىنىڭ
ئەۋلىياسى. (4) پىرتانراكشىت تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بۇ دراما 9 -، 10
- ئەسىرلەردە بەشبالىق قاتارلىق قوچۇ شەھەرلىرىدە سەھنىدە ئوينالغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى قەدىمقى كۇسەن (كۇچا) نىڭ "ئەجدىھا ئويۇنى"، "سۇمۇچ
ئويۇنى" قاتارلىق ئوچۇق سەھنە ئويۇنلىرىمۇ دراما ۋە كومەدىيە شەكلىنى
ئالغان ئويۇنلار ئىدى. (5) 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا روسىيىلىك ئولدىنبۇرگ
تۇرپانغا كېلىپ، ياغاچ مەتبەئەگە (كەلاگەروفى) ھەرپلىرىدىن 100 مىڭدىن
ئارتۇقراقىنى ئېلىپ كېتىپ، موسكۋا مۇزىيىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئىدىقۇت
ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەتبەئە تەخنىكىسى تاكى گەرمانىيە ئالىمى ئىنوگىن كودىنبورگ
كەشىپ قىلغان مەتال ھەرپلىك ئىلغار مەتبەئە تەھنىكىسى ئىشلىتىگۇچىلىك (15 -
ئەسىرگىچە) دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى. بۇنىڭدىن ئىدىقۇت مائارىپى،
نەشىرىياتچىلىقىنىڭ خېلى زور كولەمدە راۋاجلانغانلىقىنى كورۇۋالالايمىز.
4
- باب بۇددىزم دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى
ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن تارىم ئويمانلىقىدا ئەڭ كۈچلۈك يىلتىز تارتقان دىن
بۇددىزم ئىدى. بۇددا - سانسكرىتچە "ئەقلى - ھۇشىغا كېلىپ، توغرا يولغا
ماڭماق" دېگەن ئۇقۇمنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ ئېتىقادنى ساكيامۇنى (1) (مىلادىدىن
ئىلگىرىكى 557 - 477 - يىللار) كەشىپ قىلغان. بۇ دىن توغرىسىدا يېزىلغان
كىتابلار مىلادىنىڭ 740 - يىلىغىچە 5048 تومغا يەتكەن. بۇددا دىنى تارىم
ئويمانلىقىغا مىلادىنىڭ 75 - يىلىدىن تارتىپ كىرىشكە باشلىقغان. نەتىجىدە
خوتەن، كۇچا، كېيىن ئىدىقۇتنى مەركەز قىلغان بۇددا مائارىپى ۋە سەنئىتى
ۋۇجۇدقا كەلگەن. توۋەندە بىز ئەنە شۇ مائارىپ يېتىشتۈرگەن مەشھۇر ئالىملار
بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتىمىز.
ئىزاھات: (1) ساكيامۇنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 557 - يىلى شىمالىي ھىندىستاندا
بىر دەۋران ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا چىداملىق ۋە زەرەك
بولۇپ ئۆسكەن. ماتېماتىكا، تىل، ناتىقلىق، ھەربىي، سەنئەت بىلىملىرىنى
ياخشى ئۆگەنگەن. ھىيالى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ساكيامۇنى
29 يېشىدىلا بۇددا دىنىنى كەشىپ قىلغان. بۇ دىن بارا - بارا دۇنيادىكى ئەڭ
قەدىمقى ۋە يىرىك دىنىي ئېتىقاد سىستېمىسى شەكىللەندۇرگەن. ئاتاقلىق
ئوقۇتقۇچى، تىلشۇناس كوماراجىۋا كوماراجىۋا (مىلادى 344 - 413 - يىللار)
قەدىمقى كۇچا (كۇسەن) شەھرىدىكى بىر بۇددا ئالىمىنىڭ ئوغلى. ئۇنىڭ ئانىسى
جىۋا بىلىملىك ئايال ئىدى. كوماراجىۋا 19 ياشقا كىرگەندە، ئانىسى جىۋا
بىلەن بىللە چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققان. غەربكە ئوقۇشقا چىققان جۇڭگولۇقلار
ئىچىدە كوماراجىۋا ئەڭ كىچىكى، ئانىسى جىۋا بولسا تۇنجى ئايال ھېسابلىنىدۇ.
كوماراجىۋا كۇچاغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان؛ 30
ياشلىرىدا يۇقىرى ئابرۇيلۇق ئالىم بولۇپ داڭ چىقارغان، ئۇنىڭدا مىڭلىغان
تالىپلار دەرس ئاڭلىغان. ئۇنىڭ نوپۇزى ۋە شۆھرىتىنى ھۆرمەتلەپ ئالدىغا
ئالتۇن مۇنبەر قويۇپ لىكسىيە سۆزلەتكەن. كۇماراجىۋا - كۆپ تىل (سانسكرىت،
تاڭغۇت، خەنزۇ تىلى، تۈرك - تۇھار، ئەپتالىتلار تىلى) ئۆگەنگەن ۋە شۇ
تىللاردا لۇغەت - قامۇس تۇزگەن تىلشۇناس. ئۇ تىلشۇناسلىق ۋە
تەرجىمەشۇناسلىق توغرىسىدىمۇ ئىلمىي دوكلاتلار قىلغان. تارىم ۋادىسىدا
تەرجىمەشۇناسلىق تارىخى كوماراجىۋادىن باشلىنىدۇ. ئۇ نۇرغۇن بۇددا
كىتابلىرىنى سانسكرىت تىلىدىن باشقا تىللارغا، جۇملىدىن خەنزۇ تىلىغا
تەرجىمە قىلىپ، نۇرغۇن يېڭى ئاتالغۇلارنى كەشىپ قىلغان. تىلغا تەرجىمە
قىلىپ، نۇرغۇن يېڭى ئاتالغۇلارنى كەشىپ قىلغان. كوماراجىۋانىڭ تەرجىمە
ئەمگىكى ئارقىسىدا تۈرك - ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەخس كەلىش قوشۇمچىسىغا كۆپلىگەن
سىپايى دەرىجىلەر قويۇق سىڭىپ كىردى. بۇنداق سىپايى دەرىجىلەر سانسكرىت
تىلىدا كۆپ بولۇپ، قەدىمقى تۈرك - ئۇيغۇر تىلىدا يوق ئىدى. كوماراجىۋا
ھەيكەلتىراشلىق ۋە مۇزىكا سەنئىتىگىمۇ ماھىر ئىدى. مەشھۇر "قىزىل مىڭ ئۆي"
قاتارلىق تام سۇرەتلىرى كوماراجىۋا ياشىغان دەۋردە سىزىلىشقا باشلىغان.
مىلادىنىڭ 401 - يىلى ئاخىرقى چىن پادىشاھى ياۋشىن دەۋرىگە كەلگەندە،
كوماراجىۋا تەكلىپكە بىنائەن چاڭئەنگە بېرىپ، دىنىي ئالىي مەكتەپلەردە
ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇ 800 تالىپ تەربىيىلەپ
يېتىشتۈردى. بۇ تالىپلاردىن داۋشىن، سىن چى، داۋرەن، سىن شى قاتارلىقلار
پۈتۈن جۇڭگو بويىچە "تۆت مەشھۇر ئەۋلىيا" دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغان.
كوماراجىۋا چاڭئەننىڭ ئالىي دىنىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش
بىلەن بىللە يەنە سانسكرىت تىلىدىن 384 توم كىتابنى خەنزۇچىغا تەرجىمە
قىلىپ نەشر قىلدۇردى. ئۇنىڭ تەرجىمە ماھارىتى ۋە تىل بەدىئىيلىكى جۇڭگودا
ئىنتايىن ئابروي قازانغان. مائارىپچى ئالىم پورتىدىن پورتىدىن (مىلادى 233
- 348 - يىللار) 116 يىل ئۆمۈر سۇرگەن ئاتاقلىق مائارىپچى، پورتىدىن ئەسلى
تۇرپاندىن بولۇپ، مىلادىنىڭ 310 - يىلى (غەربىي چىن سۇلالىسى دەۋرىدە)
پادىشاھ يۇئەن جيانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پايتەخت لوياڭغا بېرىپ
ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. پورتىدىن ئىچكىرىدە ئۇزۇن يىل مائارىپ بىلەن
شۇغۇللىنىش جەريانىدا 893 ئىبادەتخانا مەكتەپلىرىنى تەسىس قىلىپ چىققان.
پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەندىستان ۋە چاڭجياڭنىڭ شىمال ۋە جەنۇب
تەرەپلىرىدىن ھەر يىلى مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە راھىبلار لوياڭغا توپلىشىپ،
ئۇنىڭ تەپسىرىنى ۋە دەرسىنى ئاڭلىغان. ئۇ ئونمىڭلىغان شاگىرت يېتىشتۈرگەن.
بۇلارنىڭ ئىچىدىن داۋئەن، فابا، فاتەي، فاھە قاتارلىق كىشىلەر پۈتۈن جۇڭگو
بويىچە ئەڭ ئاتاقلىق بۇددا ئولىمالىرى بولۇپ داڭ چىقارغان. 3. ئاتاقلىق
رەسسام ۋايسا باجىنا ۋە ۋايسا ئىراسانگا تەسۋىرىي سەنئەتنىڭ ئاجايىپ
ئۇستازلىرىدىن بولغان بۇ ئىككى ئاتاقلىق رەسسام ئاتا - بالا 6 -، 7 -
ئەسىردىكى ئۇدۇن (قەدىمقى خوتەن) بۇددا سەنئىتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرى بولۇپ
تونۇلغانىدى. ۋايسا باجىنا يالغۇز بۇددا تەلىماتىدىكى ھېكايىلەر تەسۋىرىنى
سىزىش بىلەنلا چەكلەنمىدى. بەلكى تەبىئەت مەنزىرىلىرى، ئىجتىمائىي
مۇناسىۋەت ئوبرازلىرى، ھايۋانات دۇنياسىنى ئىنتايىن جانلىق سىزىپ،
ئىبادەتخانا تاملىرىنى، غار بەزەكلىرىنى لايىھىلىگەن. بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ
ئىجادىيىتىنى رەئالىزملىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلغان. ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان
سۇي سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى سۇي تاڭدى ئۇنى تەكلىپ قىلىپ، پايتەخت لوياڭ
شەھرىنىڭ ئىبادەتخانا تاملىرىنى بەزەتكۇزگەن. ئۇ سىزغان "براھماننىڭ
سۇرىتى" ھەمدە چەت ئەلنىڭ "خاسىيەتلىك ئورمانلىرى"، "ئالۋاستىنى تەسلىم
قىلىش"، "بۇركۇت، تايغانلار تەسۋىرى" غايەت زور شۆھرەت قازانغان. ئۇنىڭ
ئوغلى ۋايسا ئىراسانگا خوتەن ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردە ئاتىسىنىڭ كەسپىگە
ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجادىيەتلەرنى ياراتتى. بولۇپمۇ چاڭئەن ۋە
لوياڭ شەھەرلىرىدە كۆپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئۇ سىزغان سۈرەتلەر گويا
ئەگىلىپ تۇرغان كالۋۇتۇن يىپتەك جانلىق دېگەن مەدھىيىگە ئېرىشتى. ۋايسا
ئىراسانگا سىزغان گۈللەرنىڭ سۈرەتلىرى "تىرىك گۈل" دەپ باھالىناتتى. ئۇ
ئىشلىگەن ئىلاھى ھەيكەللەر "تەڭرى تەسۋىرىنىڭ نەمۇنىسى" دەپ قارىلاتتى(1).
ئىزاھات: (1) بۇددىزم ئەقىدىسى تۈرلۈك سەنئەتلەر (ھەيكەلتىراشلىق،
نەققاشلىق، مۇزىكا، ئۇسسۇل، دراما) گە يول قويۇپ، بۇ خىل سەنئەتلەرنى دىنىي
تەرغىباتچىلىقنىڭ كۈچلۈك ۋاستىسى دەپ ھېسابلىناتتى. ئاشۇ زۆرۈرىيەت
ئارقىسىدا بۇددىزم سەنئىتىنىڭ ينكسەك نامايەندىلىرى بارلىققا كەلگەنىدى.
مەشھۇر «قەندىھار ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى»، دۇڭخۇئاڭ مىڭ ئۆي، قىزىل مىڭ
ئۆي سۈرەتلىرى ۋە باشقا تۈرلۈك - تۈمەن غار سەنئەتلىرى ئەڭ مۇھىم تارىخىي
يادىكارلىقتۇر. جۈملىدىن قەدىمكى كۆسەندىن يېتىشىپ چىققان ۋە ئىچكى
ئۆلكىلەرنىڭ مۇزىكا سەنئىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن مۇزىكا ئۇستازى ئاتا -
بالا سۇجىۋا قاتارلىقلارمۇ ئاشۇ دەۋر نامەيدىلىرىدۇر. 4. چوڭ ئالىم ۋە
ئوقۇتقۇچى پىرخۇيلان پىرخۇيلان (مىلادى 736 - 820 - يىللار) قەشقەردە
تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇ شۇ يەردىكى ئالىي ئىبادەتخانا مەكتىپىدە بىلىم تەھسىل
قىلغان بولۇپ، زامانىسىدا كاتتا يازغۇچى، ئوقۇتقۇچى بولغان. پىرخۇيلان
ئۆمرىنىڭ كېيىنكى چاغلىرىدا يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان ئىسلام دىنىنىڭ
تەسىرىدىن قورقۇپ چاڭئەنگە بېرىۋالغان. ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ يەردە «پەشۋا
ئالىم» دېگەن شۆھرەتكە ۋە كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. پىرخۇيلان
چاڭئەندە يىگىرمە يىللاپ قان - تەر سەرپ قىلىپ «ئومۇمىي ئەقىدىلەر شەرھى»
ناملىق 100 تومدىن ئاشىدىغان غايەت زور يىرىك ئەسىرىنى يازغان. بۇ ئەسەر
بۇددا ئالىملىرى ئىچىدە قولدىن قولغا ئۆتۈشۈپ ئوقۇيدىغان قامۇسقا
ئايلانغان، ھەتتا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگىچىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر
«ئومۇمىي ئەقىدىلەر شەرھى» نى ئىنتايىن قەدىرلەپ ئوقۇغان. پىرخۇيلان ھىندى
تىلىنى، جۇڭگونىڭ ئەدەبىي تىلىنى ۋە باشقا تىللارنىمۇ پىششىق بىلەتتى. ئۇ
جۇڭگونىڭ قەدىمكى ھەممە يازما خاتىرىلىرىنى مۇيەسسەل ئۆگىنىپ چىققان. ئۇنىڭ
جان پىدالىق بىلەن ئۆگىنىش روھى كېيىنكى كىشىلەرگىمۇ چوڭ ئىلھام بەرگەن.
«ئومۇمىي ئەقىدىلەر شەرھى» نىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ چاۋشيەنلىكلەر مەخسۇس دۆلەت
ۋەكىلى ئەۋەتىپ مەزكۇر ئەسەرنى كۆچۈرۈۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، جۇڭگو
ھۆكۈمىتى (بەش دەۋر زامانىدا) رۇخسەت قىلمىغان. كېيىن سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە
كەلگەندە چاۋشيەن دۆلىتى يەنە ۋەكىل ئەۋەتىپ قايتا ئىلتىماس قىلىپ
تۇرۇۋالغان، سۇڭ سۇلالىسى بۇ قېتىم رۇخسەت قىلغان. مىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا
مەزكۇر ئەسەرنى ياپونلۇقلاردىن كىشى كېلىپ كۆچۈرۈپ كەتكەن. ياپونىيىدە
پىرخۇيلان چوڭ ئالىم دەپ تونۇلغان. 1737 - يىلى (چەنلۇڭنىڭ 2 - يىلى) دۆلەت
تەرىپىدىن پىرخۇيلاننىڭ ھەممە ئەسەرلىرى تولۇق بېسىلىپ ئېلان قىلىندى. 1880
- يىلى دۆلىتىمىز مەزكۇر ئەسەرنىڭ ياغاچ ئويما نۇسخىسىنى ياپونىيىدىن
ئالدۇرۇپ كېلىپ، كۆپەيتىپ بېسىپ تارقاتتى. دېمەك، قەشقەردىن چىققان بۇ
ئالىم ۋە مەشھۇر ئوقۇتقۇچى زامانىسىدا خەلقئاراغا تونۇلغان مائارىپچى ئىدى.
5. مائارىپىچى ۋە تىلشۇناس سىڭقۇ سەلى سىڭقۇ سەلى 10 - ئەسىردە قوچۇ
(ئىدىقۇت) خانلىقىنىڭ يازلىق پايتەختى باشبالىق (ھازىرقى جىمىسار) دا
ياشىغان. ئۇ، ئۆز زامانىسىدا شۆھرەت قازانغان مەرىپەتچى ئەدىب، تەرجىمان
ئىدى. ئۇ تەرجىمە قىلغان " ئالتۇن يارۇق " ئەينى زاماندا بۇددا كىتابلىرى
ئىچىدە بولۇپمۇ ماھايانا مەزھىپى ئارىسىدا ئەڭ مۇقەددەس دەستۇر
ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمھالى"
قاتارلىق كىتابلار يۇقىرى بەدىئىيلىككە ئىگە. سىڭقۇ سەلى ئۆزىنىڭ ئانا
تىلىدىن باشقا يەنە تۇخار تىلى، ئەنەتكەك - سانسكرىت تىلى، خەنزۇ تىلى،
تاڭغۇت تىلى قاتارلىق تىللارنىمۇ پىششىق بىلەتتى. ئىقتىدارلىق سىڭقۇ سەلى
قاراغۇجا، جىمىسار قاتارلىق جايلاردا ئۇزۇن يىللار ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ
شۆھرەت تاپقانىدى. تەڭرىتېغى، پامىر، قارا قۇرۇم تېغى ئېتەكلىرى ۋە پۈتكۈل
تارىم ۋادىسى زېمىنىدا مىڭ يىللاپ يىلتىز تارتقان بۇددا ئەدەبىياتى
(قەدىمكى سانسكرىت ئەدەبىياتى) بىلەن يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت
ئەنئەنىسى ئۆزئارا ھىملىشىپ بىر يۈرۈش تەلىم - تەربىيە نەمۇنىلىرىنى
شەكىللەندۈرگەنىدى. ئۇنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تۈۋەندىكىچە: 1. ھەر بىر ئىنسان
خاسىيەتلىك - پايدىلىق ئىش قىلىشى لازىم. 2. پەزىلەتلىك كىشىلا خاسىيەتلىك
- پايدىلىق ئىش قىلالايدۇ. 3. پەزىلەت - چىنلىق، ھېسداشلىق ۋە سېخىيلىقتىن
ئىبارەت؛ قارا نىيەتلىك پەزىلەت ھېسابلانمايدۇ. 4. پەزىلەتلىك كىشى ئەڭ
بەختلىكتۇر. 5. بىلىمدىن، تەربىيىدىن، سېخىيلىقتىن ۋە ياخشىلىقتىن مەھرۇم
كىشىلەر مەخلۇق بىلەن باراۋەر، ئۇلار ئەڭ بەختسىزدۇر. 6. باي بولۇشنى
تىلەشتىن بۇرۇن، پەزىلەتلىك بولۇشنى تىلە، چۈنكى بەخت بىلەن ئامەت
پەزىلەتتىن كېلىدۇ. 7. كىشىنىڭ گۈزەللىكىنى ئۇنىڭ پەزىلىتىدىن ئۆلچە. 8.
سەۋر - تاقەت ۋە ساپلىق ئۆمنر ئۇزارتىدۇ. 9. ھەق - ناھەقنى ئايرىيالايدىغان
ئىنسان ئەڭ ئەقىللىق ئىنسان. 10. ئۇلۇغ باشلامچىلار توغرا نىيەتلىك
كىشىلەردىن كېلىدۇ. 11. ئىنسان مال - دۇنيا ھېرىسلىقى ۋە ئەيش - ئىشرەتنىڭ
قىزىقتۇرۇشىدىن خاتالىشىدۇ، پالاكەتكە قالىدۇ. 12. بايلىق بىلەن ھەۋەسنى
قوغلىشىدىغان كىشلەردىن دانىشمەن چىقمايدۇ. 13. مال - دۇنيا مەڭگۈلۈك
ئەمەس، مەڭگۈلۈك بۈۈولىدىغىنى ئىجادىيەت ۋە پەزىلەتتىن كېلىدىغان شان -
شەرەپ. 14. ھايات شامالدەك؛ كۈچ - قۇۋۋەت ئۇچقان قۇشتەك؛ ياشلىق چاقماقتەك؛
مال - دۇنيا كەلكۈن سۇدەك؛ ئۇ كېلىدۇ، يەنە كېتىدۇ؛ شۇڭا خاسىيەتلىك ئىش
قىل، پەزىلەت ئۆيىدىن ئورۇن ئال. 15. ناداننىڭ قولى مايلاشقان كۈنى ھەممىنى
ئۇنتۇپ قالىدۇ. 16. پەزىلەتنىڭ نامى ئۆچمەيدۇ. 17. بىلىمنى، بىلىملىكلەرنى
قەدىرلە، يوقسۇلغا ھەسداش بول، يولە. 18. باشقىلارنى خارلىما، تىل -
ھاقارەت قىلما. 19. پەزىلەتنىڭ يەنىدا گۈل ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.
5
- باب ئوتتۇرا ئەسىردە قەشقەر مەركەز قىلىنغان ئۇيغۇر مائارىپى
يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى ئۇرخۇن،
شامان ۋە مانى دەۋرى (552 - 844 - يىللار)، ئىدىقۇت مائارىپى دەۋرى (850 -
1250 - يىللار) ۋە بۇددىزم مائارىپى دەۋرى (75 - 992 - يىللار)
جەريانلىرىدىن ئۆتۈپ، كېيىن قەشقەر مەركەز قىلىنغان قاراخانىلارنىڭ
ئىسلامىيەت مائارىپى دەۋرى (870 - 1211 - يىللار) غا قەدەم قويدى. بۇ
دەۋردىكى مائارىپ ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، پۈتۈن
ئوتتۇرا ئاسىيادا زور شۆھرەت قازانغانىدى. يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان
ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مائارىپىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بىلەن باشقا دىنىي
ئېتىقادلار تارىم ۋادىسىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، ئىسلامىيەت مائارىپى
ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى ۋە ئىنتايىن تېز راۋاجلاندى. ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ
بىلىم - مەرىپەت ئىشلىرى تازا گۈللەنگەن مەزگىللىرىدە بىرلا باغدات
شەھىرىدە 30 ئالىي بىلىم يۇرتى، 36 ھۆكۈمەت كۇتۇبخانىسى بار ئىدى.
مىلادىنىڭ 830 - يىلى بۇ يەردە چوڭ كۈلەمدىكى ئىلمى ھېكىمەت مۇزېيى (بېيت
ئال ھېكمە) تەسىس قىلىندى. ئۇ ئەينى زاماندىكى ئەڭ ئاتاقلىق پەنلەر
ئاكادېمىيىسى ئىدى. بۇ ئاكادېمىيىنىڭ بىرىنچى باشلىقى ھۈنەين ئىشاق (809 -
837 - يىللىرى باغدات ئاكادمىيىسىگە رەئىسلىك قىلغان) ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى
بىرلىكتە يۇناننىڭ قەدىمكى كلاسسىك پەلسەپە ئەسەرلىرىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە
قىلىپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىگە 500 دىناردىن ئالتۇن بېرىلگەن؛
كېيىن ئۇلارغا يەنە تەرجىمە ئورىگىنالى قېلىنلىقىدا ساپ ئالتۇن مۇكاپات
قىلىنغان. بۇ دەۋر ئىسلامىيەت مائارىپىنىڭ ئالەمشۇمۇل شۆھرەت قازانغان
ئالتۇن دەۋرى ھېسابلىناتتى. ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇتەپەككۇر ۋە داڭلىق
ئالىملاردىن مەدر ئىمىن مۇسا خارەزمى (750 - 847)، ئەبۇنەسىر فارابى (870 -
950)، ئەبۇئەلى ئىبنى سىنا (980 - 1037) ۋە ئەبۇ رەيھان بىرونى (972 -
1049) قاتارلىق ئالىملار ئەنە شۇ دەۋر مائارىپىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. مىلادىنىڭ
950 - يىلى ئۇبۇلھەسەن سەيىد ھاتەم، سەيىد جالالىدىن باغدادى ئىسىملىك
ئىككى چوڭ ئالىم ئوردۇكەنت (قەشقەر) گە كېلىپ، ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام
مائارىپىغا ئاساس سالدى. مەزكۇر ئىككى ئۆلىمانىڭ دالالىتى بىلەن مىلادىنىڭ
953 - يىلى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بىرىنچى بولۇپ ئىسىلام ئېتىقادىنى قوبۇل
قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ئاھالىسىمۇ كەينى - كەينىدىن ئىسلام
ئىديىسىنى قوبۇل قىلدى. 24 يىللىق سوقۇش (997 - 1021 - يىللار) نەتىجىسىدە
بۇددىزمنىڭ جاھىل قورغىنى بولغان خوتەن خانى ياغلىقار يېڭىلىپ، پۈتۈن خوتەن
خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇ يەرلەردە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساس
قىلىنغان يېڭى يېزىق يۇرگۈزۈلدى. "دىن - ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى تونۇش
جەريانىدىكى مۇھىم ئىپادىلىرىنىڭ بىرى..."(1) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىني
ئېتىقادى ۋە مائارىپ ئىدېئولوگىيىسىدە يۈز بەرگەن تارىخىي بۇرۇلۇشلارمۇ دەل
دۇنيانى تونۇش ۋە ھەقىقەت ئۇستىدە ئىزدىنىش پائالىيەت جەريانى بولدى.
ماۋزدۇڭ: "... بىز تارىخنى ئۇزۇۋەتەلمەيمىز، بىز كۇڭفۇزىدىن تا سۇن
جۇڭشەنگىچە بولغان پۈتۈن ئوتمۇشنى يەكۇنلەپ، قىممەتلىك مىراسلىرىمىزغا
ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك..." دېگەنىدى. جۇڭھۇئا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئەزاسى
بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك مائارىپ مىراسلىرىغىمۇ ئەنە شۇ كاتېگورىيىگە
كىرىدۇ. قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەر مەركەز قىلىنغان مائارىپ ئەنە شۇ
پارلاق مىراسلىرىمىزنىڭ مۇھىم نامەيەندىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. قاراخانىلار
دەۋرىدە ھەممە ۋىلايەت، ناھىيىلەردە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك
مەكتەپلەر قۇرۇلغان. بولۇپمۇ قەشقەردە مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتى -
"مەدرىسەئى ساجىئە" تەسىس قىلىنغانىدى، بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا داڭلىق
ئالىملاردىن ھۇسەيىن ئىبىن خەلەپ، سەيىد جالالىدىن باغدادى، خوجا ياقۇپ
سۇزۇكى، ھۇسەيىن پەيزۇللا، جامالىدىن قەشقەرى، رەشىدە ئىبىن ئەلى قەشقەرى،
ئىمادىدىن قەشقەرى قاتارلىق نۇرغۇن نوپۇزلۇق ئالىملار مۇئەللىملىك قىلدى.
"ساجىئە" بىلىم يۇرتىغا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئالىملار،
پەيلاسوپلار، تارىخچىلار، شائىر - يازغۇچىلار توپلىنىپ ئىلمىي مۇنازىرلەر
ئېلىپ باراتتى. "ساجىئە" بىلىم يۇرتىنىڭ دەرسلىكى ماتېماتىكا، يۇنان
پەلسەپىسى، تىلشۇناسلىق، ئاسترونومىيە تىبابەتچىلىك ئىلمى، لوگىكا، تارىخ،
جۇغراپىيە، ئىلمىي روھ ساخېلىرىگىچە كېڭەيدى. تۈرلۈك كاتەگورىيىلەر بويىچە
نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى يېزىلدى. بۇ ئەسەرلەر ئەرەب ئېلىپبەسى
ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى بىلەن يېزىلاتتى (3 - جەدۋەلگە قاراڭ). بىز
توۋەندە قاراخانىلار مائارىپىنىڭ ئەڭ بۈيۈك نامايەندىلىرىدىن بولغان بىر
قانچە ئالىملارنىڭ پەداگوگىكىلىق ئىدىيىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئوتىمىز:
1 ـ
ئېنسىكلوپېدىست ئالىم - ئەبۇنەسىر فارابى ئىلىم - پەن دۇنياسىدا
ئارىستوتىلدىن كېيىن ئىككىنچى ئۇستاز دەپ شۆھرەت قازانغان ئۇلۇغ
مۇتەپپەككۇر ئەبۇنەسىر فارابى ھىجرىيىنىڭ 295 - يىلى (مىلادى 870 - يىلى)
قاراخانىلارنىڭ يازلىق پەيتەختى بالاساغۇن رايونىنىڭ گۇزەل شەھىرى فاراب
(ئوترار) دا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى مەدر شۇ جايدا ئەڭ ئابرويلۇق ۋە
مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى. ئالىمنىڭ ئوسمۇرلۇك ۋە ياشلىق دەۋرى فاراب
شەھىرىدە ئوتتى ۋە بۇ يەردە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى تۇگەتتى.
كىچىكىدىنلا بىلىم خۇمار، تالانتلىق فارابى ئىلىم - پەننىڭ يۇقىرى
چوققىسىغا چىقىشقا ئىنتىلەتتى. لېكىن ئۇ چاغدا فاراب شەھىرىدە ھەتتا
بالاساغۇن رايونىدا ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرالايدىغان ئالىي بىلىم يۇرتى ۋە
بىلىملىك ئوقۇتقۇچىلار يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. قەشقەردە "مەدرىسەئى ساجىئە"
ئالىي مەكتىپى يېڭىدىن تەسىس قىلىنغانىدى. شۇڭا ئۇ ئاشۇ دەۋردىكى
ئىسلامىيەت مائارىپىنىڭ ئاتاقلىق مەركىزى - باغدات شەھىرىگە بېرىپ بىلىم
ئاشۇردى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا كىرىشتى. باغداتتىكى ئالىي مەرىپەت
مۇھىتى بۇ تالانتلىق ياش ئالىمنىڭ بىلىم چوققىسىغا چىقىش ئارزۇسىغا كەڭ
ئىشىك ئېچىپ بەردى. ئەبۇنەسىر فارابى ئالدى بىلەن تىرىشىپ - تىرمىشىپ پارس
تىلى، ئەرەب تىلى، گرىك ۋە لاتىن تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىدى، ئۇزۇن ئۆتمەي
ئەرەب تىلىدا ئەسەر يازالايدىغان، گرىك تىلىدىكى پەلسەپە ۋە باشقا ئىلمىي
ئەسەرلەرنى بىمالال چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيىگە يەتتى. فارابى باغداتتا 40
يىلچە ئىلىم - پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ جەرياندا ئۇ بىرىنچى
ئۇستاز دەپ شۆھرەت قازانغان يۇنان پەيلاسوپى ئارىستوتىلنىڭ نۇرغۇن
ئەسەرلىرىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدى ۋە بۇ ئەسەرلەرگە قارىتا ئىجادىي
تەپسىر (ئىزاھ) يازدى. فارابى باغدات، ھىرات، ھەرران، مىسىر ۋە شام
شەھەرلىرىدىكى ھېسابسىز مۇنبەرلەردە ئىلمىي لېكسىيە ئوقۇدى ۋە ئىلمىي
مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىپ، كۆپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. ئەرەب ئالىمى ئەبۇبەكرى
بەيھاق (994 - 1065 - يىللار) فارابى 20 خىلدىن ئارتۇق تىل بىلەتتى، دەپ
يازغانىدى. فارابى ئىلىم - پەننىڭ تۈرلۈك كاتىگورىيىلىرى بويىچە 200
پارچىغا يېقىن ئەسەر يازدى. بۇ ئەسەرلەر پەلسەپە، لوگىكا، ماتېماتىكا،
خىمىيە، ئاسترونومىيە، تىبابەتچىلىك، مۇزىكا، سىياسىي تۈزۈم، پەزىلەت ۋە
بەدىئىي ئەسەر نەزەرىيىلىرى قاتارلىق كەڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر
مەلۇم بولغان فارابى ئەسەرلىرىنىڭ 119 خىل بىبلوگرافىيىسى (ئىسىملىكى)
ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئىنسىكلوپېدىست ئۇلۇغ ئالىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
كېيىنكى زامانلاردا ياۋروپالىقلار فارابى ئەسەرلىرىنى "ئەل فارابۇس"
تەخەللۇسىدا گرىك ۋە لاتىن تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدى ۋە
فارابىشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئېلىپ باردى. ئەرەب تارىخچىسى ئىبنى خەللىكان
فارابىنى "ئىسلامىيەت دۇنياسىدا ئۇنىڭغا تەڭلىشەلەيدىغان ھېچكىم يوق" دەپ
باھالىغانىدى. سامانىلار شاھى ناسىر سامانى فارابىنى "ئىككىنچى ئۇستاز"
(ئارىستوتىلدىن كېيىن) دېگەن ئۇنۋان بىلەن ئاتىدى ۋە فارابى ئەسەرلىرىنى
ئاشۇ تەخەللۇس بىلەن نەشر قىلدۇردى. مەشھۇر قانۇنشۇناس ۋە مەنتىقشۇناس ئەل
ئامادى (1156 - 1233) فارابىغا باھا بېرىپ مۇنداق يازغان: "فارابى ئەڭ
كەمتەر ۋە كىچىك پىئىل زات ئىدى. مەنسەپ ۋە مال - دۇنيانى خىيالىغىمۇ
كەلتۈرمەيتتى. ئۇ دەمەشىقتە بىر چوڭ باغقا قاراۋۇلچى بولۇپمۇ ئىشلىگەن.
كېچىلىرى قاراۋۇل پانۇسلىرىنىڭ نۇرىدىن پايدىلىنىپ كىتاب كۆرەتتى ۋە
يازاتتى. ئەنە شۇنداق ئىجتىھات قىلىپ ئۆگىنىپ ئاخىرى ئوز زامانىسىنىڭ كاتتا
ئەللامىسى مۇقامىغا يەتكەن. فارابى پەلسەپە ئىلمى توغرىسىدا ئەڭ مۇكەممەل
تەرىپ بەرگەن. ئۇ شۇنچە تولغان ئىلمىي ھېكمەت ئىگىسى بولسىمۇ يەنىلا
مەغرۇرلۇقتىن خالى ئىدى. بىر كىشى ئۇنىڭدىن: - بىلىم جەھەتتە سىز چوڭمۇ،
ئارىستوتىلمۇ؟ - دەپ سورىغاندا ئۇ جاۋابەن: - " ئەگەر مەن شۇ زاماندا
ياشىغان بولسام ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ شاگىرتلىرىدىن بولار ئىدىم، - دېگەن. فارابى
ئارىستوتىلنىڭ (ئەس ساما) ناملىق فىزىكا كىتابىنى ئاز دېگەندە قىرىق
قېتىمچە ئوقۇغانىكەن ". بەھرىل جاۋاھىرە (" دېڭىز ئۇنچىلىرى") ناملىق
كىتابتا نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، فارابى بىلىم ئىگىلىرىنىڭ پەزىلەتلىرى
توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: " بىلىم ئىزدىگەن ۋە ئۆگىنىش ئارزۇسىدا بولغان
ھەرقانداق كىشى ياش، تىمەن، زىھنى ئوچۇق، ساغلام ۋە چىداملىق بولۇشى؛ خۇش
پىئىل، راستچىل ۋە ئىخلاسچان كېلىشى؛ رىياكارلىقتىن ۋە پەس ئارزۇ -
ھەۋەسلەردىن خالى بولۇشى؛ پۈتۈن زىھنىي قۇۋۋىتىنى ئىلىمغا بېغىشلىشى زۆرۈر.
چۈنكى، بىلىم ئەھلى باشقا ھەرقانداق مەنپەئەتنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ...".
فارابى ئىنساننىڭ بۇرچى توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ: يىراق يۇر بولسا باتىل،
سۆزى يالغان، ھەقىقەت تارقىتىپ كەت بولسا ئىمكان؛ بىزگە دۇنيا بولمىدى
ئابادە ئۆي كەلمىگەچ تەڭ بۇ ئولۇمچە ھېچبىر ئىنسان فارابى ئەسەرلىرىنىڭ
مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەرەب تىلىدا يېزىلغان (2) بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرىكى
ئولىما - مۇدەررىسلىرىمىز ئەرەبچىنى ئوبدان چۇشەنگەچكە فارابى ئىدىيىسىنى
دەرس شەكلىدە تونۇشتۇراتتى. فارابى ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىسىم
تەرجىمە تىزىملىكى توۋەندىكىچە: پىلاتون ۋە ئارىستوتەلنىڭ پەلسەپە
ئاساسلىرى، ئۇلۇغ ئەخلاق - پەزىلەت " گىئومەترىيە ۋە ئاسترونومىيە "
ھەققىدە ئىزاھ، ئارىستوتىلنىڭ "پەلسەپىدىكى ئېنىقسىزلىقلار " ناملىق
كىتابىغا ئىزاھ، پەلسەپىدىكى ئىخچاملىق – لوگىكا، پەلسەپەدىكى چوڭ لوگىكا
قىياس ھەققىدە، لوگىكا چۈشكۈنلۈكى، قىياس شەرتلىرى ھەققىدە، پەلسەپە
دەلىللىرى توغرىسىدا، پەلسەپە مۇنازىرلىرى ھەققىدە، مەۋجۇدىيەتنىڭ
مۇقەددىمىسى ھەققىدە، ئالەم بوشلۇقى توغرىسىدا، ئەفرۇدنىڭ "جان" ناملىق
ئەسىرىگە ئىزاھ، ئىلىم - پەننىڭ چېكى ۋە تەرتىپى توغرىسىدا، پىلاتون ۋە
ئارىستوتىلنىڭ ئىككى پەلسەپىسى ھەققىدە، مەدەنىيەت توغرىسىدا، ئۇلۇغ
تەپەككۇرنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا، سۆز ۋە يېزىق توغرىسىدا، بۈيۈك مۇزىكا
دەستۇرى، ئۇرۇشنىڭ چېكى توغرىسىدا، ئۇرۇشقا سەۋەب بولىدىغان سۆز شەكلى
توغرىسىدا، ئىنسانىيەتنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا، ئەدەبىيات مۇنازىرىسى
ھەققىدە، بىننى راۋەندىگە رەددىيە، تەڭرىنىڭ بىرلىكى ۋە ئېتىقاد توغرىسىدا،
ئۇپۇق، ئوربىتا ۋە ئالەمنىڭ مىقدارى ھەققىدە، تەبىئىي ۋۇجۇدنى ئۆزگەرتكۈچى
مەۋجۇدىيەتلەر ھەققىدە، بەقرات ۋە پىلاتون تەپەككۇرىدىكى بىردەكلىك،
بەختنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا، بۆلۈنىدىغان ۋە بۆلۈنمەيدىغان شەيئىلەر
توغرىسىدا، جىن - شەيتانلار ھەققىدە، مەدەنىي سىياسەتلەر توغرىسىدا،
مەۋجۇدىيەتنىڭ پەيدا بولۇش ئورنى مىللەت ۋە مەدەنىي - مائارىپ توغرىسىدا،
پەلسەپىدىكى ئېنىقلىما (20 توملۇق يىرىك ئەسەر)، ھەربىي قوماندانلار
توغرىسىدا، تۇرمۇش ۋە ئۇرۇش توغرىسىدا، يۇقىرى ئالەم تەسىرلىرى توغرىسىدا،
ئاسترونومىيە قانۇنلىرى ھەققىدە، ئىجتىمائىي ھايات توغرىسىدا، چۈش
توغرىسىدا، يېزىقچىلىق سەنئىتى توغرىسدا، ھايۋانلارنىڭ ئەزا تۈزۈلۈشى
توغرىسىدا، شېئىر ۋە قاپىيە توغرىسىدا، مەدەنىي جەمئىيەت توغرىسىدا، ئاسمان
جىسىملىرىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرى، ئىلىم - پەن ئەھلىنىڭ خورلىنىشى
توغرىسىدا، ئاسمان (مۇئەللەق) ۋە ھاۋانىڭ رەڭلىكى توغرىسىدا، خىمىيە
سانائىتىنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا رەددىيە، ئارىستوتىلنىڭ
" مېتافىزىكا " ناملىق كىتابىدىكى بەزى ئېنىقلىمىلار توغرىسىدا،
ئارىستوتىلنىڭ لوگىكىسىغا ھاشىيە، مۇقەررەرلىكنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا،
روھنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا، شەيئىلەر ھەققىدە تەبىئەت ماھىيىتىدىن ئاڭلاش
مۇمكىن بولغان مەسىلىلەر توغرىسىدا، يۇقىرىقىلار فارابى ئەسەرلىرى
تىزىملىكىنىڭ ئازلا بىر قىسمى. ئۇنىڭ تەتقىقاتىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ ئىجتىمائىي، پەلسەپە قاتارلىق مەسىلىلەر
ئۈستىدىلا تەتقىقات يۈرگۈزۈپ قالماي، بەلكى كائىناتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگىچە
تەھلىل يۈرگۈزگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ "مىللەت ۋە مائارىپ" سەرلەۋھىلىك ئەسىرى
ۋە مۇزىكاشۇناسلىق ھەمدە شېئىرىيەت سەنئىتى ھەققىدىكى ئەسەرلىرىدە تەلىم -
تەربىيىنىڭ ئىنسان ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى رولى توغرىسىدا
قىممەتلىك تەپەككۇرلار چاقناپ تۇرىدۇ. 2. ئاتاقلىق ئالىم ۋە تىلشۇناس
مەھمۇت قەشقەرى مەھمۇت قەشقەرى قاراخانىلار مائارىپى تازا گۇللەنگەن چاغدا
گۇزەل ئوپال كەنتىدە (3) مىلادىنىڭ 1028 - يىللىرى ئەتراپىدا مەرىپەتلىك
ئائىلىدە تۇغۇلغان. قەشقەرنىڭ ئۇپال كەنتى ئەينى زاماندا كەڭ باغۇ
بوستانلىق، ساپ ھاۋالىق جاي ئىدى. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئانىسى پاراسەتلىك ۋە
بىلىملىك ئايال (4) بولۇپ، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئوسۇپ يەتىلىشىگە زور تەسىر
كۆرسەتكەن. مەھمۇت قەشقەرى ئۆزىنىڭ مەرىپەتلىك ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە
ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، شۇ يەردىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى
ئەلا تۇگەتتى. كېيىن قەشقەردىكى خانلىق مەدرىس (مەدرىسى ساجىئە) گە كېلىپ
چوڭ ئالىم ۋە مەشھۇر پېداگوگ ھۈسەيىن خەلەپ ئاتلىق ئوقۇتقۇچىدا ئوقۇدى. ئۇ
بۇ يەردە پارس، ئەرب تىلى گرامماتىكىسىنى، لوگىكا ۋە پەلسەپە ئىلىمىنى،
تارىخ، جۇغراپىيە، ئاسترونومىيىنى، تىببىي ئىلىمنى ھەم ئەدەبىيات تارىخىنى
پىششىق ئۆگەندى (5). كېيىن ئۇ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا دالىلىرىنى كەزىپ
يۇرۇپ، نۇرغۇن يىللار ئەمەلىي ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئۇ مۇشۇ ئىلمىي
تەكشۈرۈشلىرىدىن كېيىن " يىرىك قامۇس " دەپ ئەتىراپ قىلىنغان مەشھۇر "
تۈركىي تىللار دىۋانى " ناملىق ئۆلمەس ئەسىرىنى يېزىپ چىقتى. ئۇنىڭ بۇ
ئالەمشۇمۇل ئابروي قازانغان كاتتا ئەمگىكى ئۇنىڭ 10 يىللىق ئىلمىي تەكشۈرۈش
ساياھىتى ۋە ئىككى يىللىق (1072 - 1074) پىششىقلاپ ئىشلەش ئەمگىكىنىڭ
شانلىق مەۋىسى بولدى. تۈركىيىلىك تۈركلوگ ۋە داڭلىق ئالىم بىسىم ئاتالاي "
تۈركىي تىللار دىۋانى " غا باھا بېرىپ مۇنداق دېگەنىدى: " ھازىرغىچە تۈركىي
تىللاردا بۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرەرمۇ ئەسەر كۆرۈلۈپ باقمىغان. بۇ
ئەسەر يېگانىدۇر...". " تۈركىي تىللار دىۋانى " دەك نادىر ئەسەرنى يېزىش
يولىدا، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ تۈرك، تۈركمە، ئوغۇز، چىڭگىل، باسمىل، ياغما،
قىرغىز قاتارلىق بارلىق تۈركىي قەبىلىلىرىنىڭ مىڭلىغان كەنت، ئاۋۇل ۋە
سەھرالىرىنى ئارىلاپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، ئىتنوگرافىيىسى
(كېلىپ ـ چىقىش مەنبەسى) نى، تارىخىنى، جۇغراپىيىۋى جايلىشىشىنى،
مەدەنىيىتىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىققانلىقى - ئۇنىڭ بۇ جاپالىق ئىجتىھادىي،
ئۇنىڭ مۇلكى سەردار ياكى ھەربىي سەركەردە بولۇشقا ھەۋەس قىلماي، ئىلىم -
مەرىپەتنى گۈللەندۈرۈش يولىغا ئۆزىنى پىدا قىلغان ئۇلۇغ مەرىپەتچى ۋە
خەلقپەرۋەر ئۇلۇغ ئالىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئاپتور ئۆز ئەسىرىنىڭ
مۇقەددىمىسىدە "... ئەبەدىي يادىكارلىق ۋە پۈتمەس - تۈگىمەس بىر بايلىق
بولۇپ قالسۇن دەپ... بۇ كىتابنى يېزىپ چىقتىم..." دەيدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ
ئۇلۇغ كىتاب ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشۇلغان پۇتمەس - تۇگىمەس بايلىق. ئۇ
شۇنداقلا مىليونلىغان ئەۋلادلارنىڭ ئىپتىخارى مەھمۇت قەشقەرى
تىلشۇناسلىقنىڭ تۇنجى ئۇستازى، جاھان تۈركۇلوگىيە پېنىگە ئاساس سالغۇچى
بۈيۈك ئۇستازدۇر. " تۈركىي تىللار دىۋانى " دىن ئىبارەت بۇ كاتتا قامۇس
ئىنتايىن كەڭ ساھەنى ئوز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭدا ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە،
ئادەم فىزىئولوگىيىسى، تۇرمۇش، يەمەك - ئىچمەك، كىيىم - كەچەك، قورال -
سايمان، ھايۋانات، تاش - مەدەن، تاغ - دەريا، قاتناش ساۋاتلىرى، ماقال -
تەمسىللەر، تارىخىي رىۋايەتلەر، كىشىلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى
قاتارلىقلارغىچە كەڭ مەلۇمات بېرىلگەن. بىز يەنە " دىۋان " غا كىرگۇزۇلگەن
ئەقلىيە سۆزلەر، شېئىر - قوشاق، تەمسىللەر ئارقىلىق بۇ بۈيۈك ئالىمنىڭ
مەرىپەت ئىدىيىسىنى، دەداكتىك كوز قارىشىنىمۇ ئوچۇق كورۇۋالالايمىز. بۇ
ھەقتە بىز " دىۋان " دىن بىرنەچچە نەمۇنە كۆرسەتسەك كۇپايە: ـ قۇت بەلگىسى
بىلىك. (بەخت - سائادەت بەلگىسى بىلىمدۇر). ـ ئەرمۇگە بولۇت يۇك بولۇر.
(ھورۇنغا بولۇتمۇ يۇك بولۇر). مەرىپەتلىك قوشاقلار ۋە پەندى - نەسىھەتلەر:
ـ ئوغلۇم ساڭا نەسىھەت: پەزىلەتنى مىراس قىل؛ بىلىملىككە يېقىنلاش، دائىم
ئۇنى ئۇستاز قىل. ـ مەندىن نەسىھەت ئوغلۇم پەزىلەت يارات، ئەلدە ئۇلۇغ
ئالىم بولۇپ ئىلمىڭنى تارات. ـ كۆپلىگەن پەزىلەت ئىگىلىرى ۋە بىلىمى تاغدەك
دانالار ئالەمدىن كەتتى. ئۇلارنىڭ بىباھا سۆز - ھەكمەتلىرى خېلىمۇ دىلىمنى
يورۇتۇپ تۇرىدۇ. ـ بىلىملىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلە، سۆزىگە ئاشىق بول،
ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى ئۆگەن، ئەمەلىيىتىڭدىمۇ شۇنداق بول. ـ ئىلىم - ھەكمەت
ئىزدە؛ لېكىن مەغرۇرلانما، نادانلار ماھتىنار، سىناقلاردا مات بولار. ـ
مەرىپەت سويگۇچى ھەرگىز مال - دۇنياغا ھەرىسلىق قىلمايدۇ. " تۈركىي تىللار
دىۋانى " دا پەزىلەتلىك بولۇش، ئەمگەك سويۇش، ۋاپالىق بولۇش، جاسارەتلىك
بولۇش توغرىسىدىكى تەلىم - تەربىيە ئىدىيىلىرىمۇ قەدىمقى ماقال -
تەمسىللەر، قەدىمقى قوشاقلار ئارقىلىق نۇرغۇن سىڭدۇرۇلگەن. مەسىلەن: ـ
ئەمگەك ئەكىندە قالماس (ئەمگەك بوشقا كەتمەيدۇ). ـ ئارپىسىز ئات قىر
ئاشالماس، ياردەمچىسىز پالۋان سەپ يارالماس. ـ كىڭەشلىك ئىش ئوڭشىلار،
كىڭەشسىز ئىش بۇزۇلار. ـ تۇگىمەندە تۇغۇلغان چاشقان ھاۋانىڭ گۈلدۈرىدىن
قورقماس. ـ ياقىسىدىكىنى يالايمەن دەپ، قولىدىكى تاۋىقىدىن ئايرىلىپتۇ. ـ
كۆسەي ئۇزۇن بولسا قول كۆيمەس. ـ ئۇي بولىدىغان كالا موزاي چېغىدا
بىلىنىدۇ. ـ ھاجەتمەن مېھمان ئالدىڭغا كەلسە، سەن ئۇنى كۈتكۈزمە، تەييار
ئېشىڭنى ئالدىغا كەلتۇر. ـ مېھماننى ئىززەتلە، داڭقىڭنى ئەلگە يايسۇن. ـ
بېخىل - پەسكەش، يارىماس ئادەم - مال - دۇنيانىڭ ساقچىسى، ئۇ يېمەي -
ئىچمەي يىغىدۇ، ئاخىر ئۆزگىگە قالىدۇ. 3. ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئۇلۇغ
ئۇستازى يۇسۇپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى ئۇيغۇر مائارىپ
تارىخىدا ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر يۇسۇپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى - "
قۇتادغۇبىلىك " داستانى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. يۇسۇپ خاس ھاجىپ
قاراخانىلار مائارىپىنڭ تازا گۇللەنگەن ۋە ئۆزى ئوردىدا خاس ھاجىپلىق
(ئوردا ۋەزىرلىك) ۋەزىپىسىگە تېخى قويۇلمىغان مەزگىللەر (1609 - 1070 -
يىللار) دە مەشھۇر " قۇتادغۇبىلىك " داستانىنى يازغان ۋە ئۇنى بۇغرا
قاراخان ئەبۇئەلى ھەسەن بىننى سۇلايمانغا تەقدىم قىلغان. بۇ كاتتا ئەسەرنى
يازغان چاغدا يۇسۇپ خاس ھاجىپ خېلى ياشىنىپ قالغانىدى. داستانغا قىستۇرۇپ
ئۆتكەن تۈۋەندىكى ئىزاھلاردىن بۇ نۇقتا مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ: "... نۇرلۇق
باھار پەسلىدەك چېچەكلىك ئىدىم، غازاڭلارمۇ چۈشتى، ھەممە قۇرۇدى. قەيىندەك
مۇستەھكەم، ئوقتەك تۇز ئىدىم، يادەك ئەگرى بولۇپ، مۇكچىيىپ قالدى...".
قۇتادغۇبىلىك 82 باب، 6444 بېيىت، 13 مىڭ 288 مىسرادىن قۇرۇلغان چوڭ
ھەجىملىك دىداكتىك داستان. بۇ كاتتا ئەسەر پەلسەپە، تارىخشۇناسلىق، دۆلەت -
قانۇن، (ھوقۇقشۇناسلىق)، جەمئىيەتشۇناسلىق، مائارىپ، تىبابەت، جۇغراپىيە،
تەبىئەت، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، دىپلوماتىيە، تىل - ئەدەبىيات ۋە
ھەربىي ئىلىم قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مەزمۇنلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەسەرنىڭ
پۈتۈن مەزمۇنىغا ئىلىم - مەرىپەت مەدھىيىسى سىڭدۈرۈلگەن. بۇ نۇقتا ئەسەرنىڭ
نامىدىنلا ئېنىق مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. " قۇتادغۇبىلىك " - بەخت - سائادەتكە
ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. " قۇتادغۇبىلىك " نىڭ شۆھرىتى
ئوز زامانىسىدا ھەر تەرەپكە داڭ كەتكەن. ھەرقايسى ئەل كىشىلىرى ئۇنى
ئۇلۇغلاپ ھەرخىل ناملارنى بەرگەن. بەزى شەرق ئەللىرى ئۇنىڭغا " زىنەتۇل
ئۇمىرا " (ئەمىرلەر زىننىتى) دەپ نام بەرسە، ئىرانلىقلار " شاھنامەئى تۈرك
" (تۈركلەر شاھنامىسى) ياكى بەزىلەر " پەندىنامەئى تۈرك " (تۈركلەر
نەسىھەتنامىسى) دەپ نام بەرگەن. " قۇتادغۇبىلىك " نىڭ پۈتۈن مەزمۇنى تۆت
مۇھىم شەخسنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچىسى كۇنتۇغدى
(پادىشاھ - ئادالەت ۋە قانۇن سىمۋولى)؛ ئىككىنچىسى ئايتولدى (ۋەزىر - بەخت
- سائادەت سىمۋولى)، ئۇچنچىسى ئوگدۇلمىش (ۋەزىرنىڭ ئوغلى - ئەقىل - ئىدراك
سىمۋولى)؛ تۆتىنچىسى ئودغۇرمىش (ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى - قانائەتنىڭ سىمۋولى)
بولۇپ، ئەسەرنىڭ پۈتۈن ماھىيىتى مۇشۇ تۆت شەخسنىڭ مۇنازىرە كۇرەشلىرى
ئارقىلىق ئەچىپ بېرىلىدۇ. بىلىم، ئادالەت، پەزىلەت ۋە چىدام - غەيرەت
ھىسلەتلىرى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ گۇزەل غايىسى ھېسابلىنىدۇ. تەلىم - تەربىيىنىڭ
تۇپ مەقسىتى ئادەملەرنى ئاشۇ غايە بىلەن يەتىلدۇرۇپ بەخت - سائادەتكە
ئەرىشتۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ. توۋەندە بىز " قۇتادغۇبىلىك " نىڭ مائارىپ
ئىدىيىسى توغرىسىدا بىر قانچە مىسال كورسىتىپ ئوتىمىز: ـ بىلىمنى ئۇلۇغ،
ئەقىل - ئىدراكنى بۈيۈك بىل، بۇ ئىككىسى ئىنسان مەرتىۋىسىنى يۇقىرى
كوتۇرىدۇ. ـ بىلىمنى نەمىشقا بىلىم دېگەنلىكنىڭ مەنىسىنى بىل. چۈنكى، بىلىم
ئىگىسىدىن كەسەل يىراقلىشىدۇ؛ بىلىم - مەشئەلدۇر، مەشئەل يورۇسا كىشى
كەچىدىمۇ يولدىن ئازمايدۇ. ـ ئىشىنڭنى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر بىلەن ئىشلە؛
زامانەڭنى بىلىم بىلەن مۇستەھكەملە. ـ بىلىم ئال، ئۆزۇڭگە تۆردىن ئورۇن
ھازىرلا، ھەرقانچە بىلسەڭمۇ يەنە ئۆگەن، يەنە ئىزدەن؛ قارىغىنكى، بىلىملىك
كىشىلەر سورا، سورا، ئوز تىلەكلىرىگە يەتىشكەن. ـ ئادەم بەرىبىر ئولىدۇ؛
بىلىم ئىگىلىرىنىڭ سۆزى ئولمەيدۇ. ـ ئىككى نەرسە بىلەن ئادەم قەرىمايدۇ:
بىرى بىلىم، بىرى پەزىلەتلىك سۆز. ـ ئەي ئوغۇل، مەندىن ساڭا ئالتۇن، كۇمۇش
قالسىمۇ، سەن ئۇنى مەندىن ساڭا قالغان مەرىپەتكە تەڭ كورمە. ـ كىشى بىلەن
كىشى ئوتتۇرىسىدا پەرق كۆپ، ئەڭ چوڭ پەرق بىلىمدە. ـ ئالەمدىكى ھەممە
ياخشىلىق بىلىمدىن كېلىدۇ، بىلىم بىلەن كىشىلەر ئاسمانغا يول ئاچالايدۇ. ـ
بىلىم ئەھلى ئۆز بىلىمى بىلەن كىشىلەرگە مەرىپەت چاچمىسا، ئۇنىڭ بىلىمى
نۇرسىز قالىدۇ. ـ جاھان تۇتقۇچى ئەر پاراسەتلىك بولسا جاھان مۇستەھكەم
بولىدۇ؛ بىلىملىك بولسا، مەملىكىتى كۈچلۈك بولىدۇ. مۇشۇ ئىككىسى بىرلەشكەن
كىشى كامالەت تاپىدۇ. كامىل كىشى ھەممە نېمەتكە ئىگە بولىدۇ. پەزىلەت
توغرىسىدا: ـ سەمىمىيەت ئىنساننى يۈكسەلدۈرىدۇ، ئىنسان ئىناۋىتىنى يۇقىرى
كۆتۈرىدۇ. ـ كىشىگە ئادىل بول، ئادىل كىشىنىڭ ھەر بىر پەيتى بەختلىك
بولالايدۇ. ـ نەپسانىيەت ئۈچۈن ئۆزۈڭنى ئوتقا ئاتما، ھاۋايى - ھەۋەستىن
بولغانما. ـ ئاچكۆز كىشىلەرگە ئىش تاپشۇرما، ۋاپاسىز كىشىلەرگە ئاش - تاماق
بەرمە. ـ دۇنيا بىر تېرىلغۇ ئېتىزدۇر. ئەمگەك بىلەن دان تېرىساڭ، ھايان
ئۇرۇغى ئالىسەن. ـ قوپال سۆزنى تىلىڭدىن چىقارما، قوپال تىل يالقۇنجىغان
ئوت. ـ ھارامغا ئارىلاشما، ئۆكتەم بولما، ئۆچ ئالما. ـ ھاراق ئىچمە، پىتنە
- پاساتتىن نېرى قاچ! ـ مەنسەپ ئىگىسى بىلىملىك، دانا، كۆزى توق، كۆڭلى
كۆكسى كەڭ بولۇشى لازىم. ـ ئاچكۆز تويمايدۇ، ئۇنىڭ نەپسىگە دۇنيانىڭ ئاش -
تامىقى يېتىشمەيدۇ. ـ يالغانچى ۋاپاسىز كېلىدۇ، ۋاپاسىز كىشى خەلققە بەخت
كەلتۈرمەيدۇ. ـ مەنسەپدارنىڭ مىجەزى تەرسا بولسا، ئىش تەتۈرگە ماڭىدۇ،
خۇشاللىقى قايغۇغا ئايلىنىدۇ. " قۇتادغۇبىلىك " داستانىدا ئەخلاق -
پەزىلەتنىڭ ئەشەددىي دۇشمىنىدىن بىرى بولغان ھاراق - شاراپنىڭ زىيىنى
توغرۇلۇق تئۈۋەندىكىدەك ئاگاھلاندۇرىدۇ: ... ئۇچىنچى، ھاراققا بولۇش
مۇپتىلا، بۇ ئەر ئۆمرى شەكسىز كېتەر بوشقىلا. ھاراق ئىچسە ئالىم ئىلىمسىز
بولۇر، ئىلىمسىز مەست بولسا نېمىلەر قىلۇر؟ بىز بۇ يەردە ئىپتىخارلىق بىلەن
تىلغا ئالىمىزكى، " قۇتادغۇبىلىك " ئىچىدە باشتىن - ئاياغ ئىزچىل
سىڭدۈرۈلگەن " بىلىم - كۈچ؛ بىلىم - بەخت قورالى؛ بىلىم - ئىنسان قەدىر -
قىممىتىنىڭ ئۇلى..." دىن ئىبارەت خىتابلار مەڭگۇ ئۆلمەس ھەقىقەتتۇر.
مۇئەللىپ ئوز ئەسىرىدە كىشىلەرگە بالىلىق مەزگىلىدىن باشلاپ ئەقلىي
تەربىيە، ئەخلاقىي تەربىيە، جىسمانىي تەربىيە، ھۈنەر - ماھارەت تەربىيىسى،
گۇزەللىك تەربىيىسى قاتارلىق ئەتراپلىق تەلىم - تەربىيە بېرىشنىڭ
زۆرۈرلۇكىنى تەكرار تەۋسىيە قىلىدۇ. مانا بۇلار ئەسەردە باشتىن - ئاخىرغىچە
چاقناپ تۇرىدىغان پارلاق ئىدىيىدۇر. ئەسەردە يەنە دۆلەتنى ئىلىم - پەن
بىلەن باشقۇرۇش، دۆلەت ۋە جامائەت ئىشلىرىغا قابىل، بىلىملىك ۋە
ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى قويۇش، بىلىم ئەھلىنى سويۇش، ئىلمىي ئىجادىيەتكە كەڭ
مەدەت بېرىشنى تەكرار جەكىلەيدۇ، مەرىپەتشۇناسلىققا ئائىت بۇ ئۇلۇغۋار
تەشەببۇسلار ھازىرمۇ رېئال قىممەتكە ئىگە. " قۇتادغۇبىلىك " داستانىدا
مۇئەللىپ يەنە ئىجتىمائىي تەبىقىلەر، ئىجتىمائىي ھايات، مالىيە - ئىقتىساد،
خارىجى ئىشلار، ھەربىي ئىشلار، سىياسىي خىزمەت، قەھرىمانلىق جاسارىتى، "
مۇكاپات ۋە جازا " ھەمدە قانۇنشۇناسلىق قاتارلىق كەڭ مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ
چوڭقۇر تەھلىل ئېلىپ بارىدۇ. ئەسەرنىڭ نەزمە يەشمىسى ئاساسىدا يۇقىرىقى
مەزمۇنلارغا ئالاقىدار بىر قىسىم مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى: ھاۋايى -
ھەۋەسكە بېرىلمەسلىك توغرىسىدا: ھەۋەسنى ئەقىل بىرلە باسقىن ئۇتۇپ، بىلىم
بىرلە يانچىغىن نەپسىڭنى تۇتۇپ. تۇزۇلمەس تىلەسەك، ھەۋەس بوينىن كەس،
تۈزۈلۈر ئەگرىلىك گەر ئۆلسە ھەۋەس. ئۆزۈمچىلىك - مەنمەنچىلىكنىڭ ئاقىۋىتى
ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا: ئېغىر يۈك كىشىگە ئۆزەمچىل قېلىق،
ئۆزەمچىل قېلىققا ئوق ئات، قارشى چىق. ياغى قىلمىغاننى شۇ قېلىق قىلار،
يېغىدىن بۇ ياغى نەچۇك پەرقلىق؟ ئەقىل - ئىدراك، پاراسەت ۋە بىلىمنىڭ
ئۇلۇغلۇقى توغرىسىدا: بىلىم بايلىق ئول، گادايلاشمايدىغان، قاراقچى ۋە
ئوغرى ئالالمايدىغان. ئەقىلدىن بولەككە ھۆرمەت بولمىغاي، ئەقىلسىز ئادەم
ئۇ، بىر ئوچۇملا لاي. ئەقىل كىمدە بولسا بولۇر ئۇ ئەسىل، بىلىم كىمدە بولسا
بولۇر خان ئۇ، بىل. ئەقىل بىر چىراغدۇر، كوزى يوققا كوز، ئولۇك تەنگە جان
ئول، گاچا تىلغا سۆز. كىچىك پەئىللىقنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە تەكەببۇرلۇقنىڭ
يامانلىقى توغرىسىدا: كىچىك پەئىل ئۇلۇغلۇق - سۇرەر كۆپ زامان، تەكەببۇرغا
تەگمەس ئۇلۇغلۇق ھامان. سۆيۈك ئەل ئىچرە كىچىك دىل كىشى، سۆيۈلمەس
تەكەببۇر، يىرىك دىل كىشى. مەنسەپدارلارنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا كۆزى
توق، ھايالىق، نازۇكلۇق كېرەك، تۇمەن خىل بىلىم ۋە زىرەكلىك كېرەك. دىلى
بولسۇن ھەممە كىشىگە كىچىك، تىلى بولسۇن يۇمشاق، شەكەردەك چۈچۈك. ئەگەر
بولسا بەگلەر زالىم ھەم يامان، چىقار ئىشلار تۈز يولدىن ھامان. بىلىمنى ۋە
بىلىم ئەھلىنى قەدىرلەش توغرىسىدا: يوق بولسا جاھاندا ھەكىم - ئىلىملىك،
تەرىپ، ئۇنمەس ئەردى يەردە يەگۇلۇك. ئۇلار ئىلمى بولسا جاھاندا چىراغ، يول
ئازماس كەچىدە يورۇسا چىراغ. قاتتىق سوي ئۇلارنى قەدىرلە سۆزىن، تولا ياكى
ئازدۇر ئۆگەن ئۇلار بىلگىنىن. ئۇلار قوي پادىسى ئىچرە سەركىدۇر، ئۇ باشلاپ
ماڭسا قوي تۇز يولغا يۇرۇر. پەرزەنتلەرگە تەلىم - تەربىيە بېرىشتە ئاتا
ئانىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدا: تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز - ئوغۇل،
ئاڭا تەربىيىچى سەن ئوزۇڭلا بول. ئوغۇل - قىز ھۇي - پەيلى بولسا يامان،
يامان قىلغان ئاتا - ئانا ئۇلارنى ھامان. ئۇياتلىق ۋە نومۇس پەزىلەتلىرى
توغرىسىدا كىشىنىڭ سەرخىلى ئۇياتلىق كىشى، ئۇياتلىق كىشىدۇر كىشىلەر بەشى.
ئۇياتلىق كىشىگە پۈتۈن ئىشنى بەر، ئۇياتلىق جاھالەت ئىشىگىن ئەتەر.
ئۇياتسىز - نومۇسسىز كىشىلەرنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا: ئۇياتسىز كىشىدۇر كىشى
رەزلى، دۇرۇست سۆز سۆزلىمەس ئۇياتسىز تىلى. بىر گوشسىز سوڭەكتۇر ئۇياتسىز
يۇزى، ئەتىلمەس توشۇكتۇر ئۇياتىژ كوزى. تىل - سۆزنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا
ئوزۇڭنى كوزەت بەك، ياخشى سۆزلىگىل، سورالغاندا سۆزلە، يەنە قىسقا قىل. كۆپ
ئاڭلا بۇ سۆزنى تولا سۆزلىمە، بىلىم بىرلە سۆز تۇز، ئىشلەتكىن ئەقىل. كۆيەر
ئوتقا ئوخشار كېرەكسىز سۆزۈڭ. ئەغىزدىن چىقارما كۆيەرسەن ئۆزۈڭ. ئاچكۆز -
خىيانەتچىلەر توغرىسىدا خىيانەت قەيەرگە گەر باسسا ئاياغ، قاچار پايدىلىق
ئىش ھەممىسى يىراق. خىيانەتچى نەگە قول سۇنسا ئەگەر، دەڭىزمۇ سۇسىزلار،
قۇرۇپ كەتەر يەر. شەخسىيەتچى، چەقىمچى ۋە پىتنە - پاساتچىلارنىڭ ماھىيىتى
توغرىسىدا: قەتىلما ئىككى خىل ئەرگە، يىراق تۇر، قەتىلساڭ كورەرسەن چاتاق
چىقىرۇر. بېرىدۇ چەقىمچى، پىتنە - پاساتچى، بىرى ئىككى يۇزلۇك شەخسىيەتچى.
ئادىل قانۇن ۋە قانۇننىڭ ئادالەتلىكى توغرىسىدا ئادىل قانۇن كوكتە - بىر
تۇۋرۇك ئىرۇر، ئۇ قانۇن بۇزۇلسا، ئاسمان يىقىلۇر. يوق ئەرسە قانۇنلۇق
بەگلەر مۇبادا، يەتتە قات ئاسماننى بۇزاتتى خۇدا. قىلىپ ئادالەت بىلەن ھەر
ئىشتىن، ئايرىماي بەگ يا قۇل دەپ ھېچكىشىن. ماڭا تەڭ ئىككىسى قانۇن
ئالدىدا، بولەكچە بولماسمەن ھۆكۈم ۋاقتىدا. زالىم بەگ سۇرەلمەس بەگلىك
دەۋرىنى، كوتۇرمەيدۇ خەلق ئۇنىڭ زۇلمىنى. ئەل ئارتار، قانۇن بىرلە تۇزۇلۇر
جاھان، زۇلۇم بىرلە ھوراپ ئەل، بۇزۇلۇر زامان. 4. ئەدىب ئەھمەتنىڭ مائارىپ
ئىدىيىسى ئەدىب ئەھمەت قاراخانىلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ياشىغان ئاتاقلىق
ئوقۇتقۇچى، شائىر ۋە زامانىسىنىڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇرى ئىدى. ئۇنىڭ "
ئەتەبەتۇل ھەقايىق " (ھەقىقەتلەر بوسۇغۇسى) ناملىق دەداكتىك ئەسىرى ئۇيغۇر
مائارىپ تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. " ئەتەبەتۇل ھەقايىق " - جەمئىي 14
باب، 484 مىسرادىن تەركىب تاپقان، باي پىداگوگىكىلىق مەزمۇنغا ئىگە داستان،
ئەسەرنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىنى تۈۋەندىكى قىسقا مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ
ئۆتىمىز: بىلىم - مەرىپەت توغرىسدا: ـ بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىنار
(ئالتۇن - تىللا)؛ بىلىمسىز نادان - قىممىتى يوق ياماق، پاخال. ـ ئىنساننىڭ
زىننىتى - ئەقىل. بىر بىلىملىك مىڭ نادانغا تەڭ. تۈرلۈك - تۈمەن ئىشلاردا
ناداننىڭ كۆرگۈلۈكى پۇشايمان؛ ئۇنىڭغا پۇشايماندىن ئۆزگە قىسمەت يوق.
پەزىلەت توغرىسىدا: ـ ئەدەب - ئەخلاقنىڭ بېشى - تىل. ـ كىشىنى تىل بىلەن
ئازابلىما، بىلگىنكى، تىغ يارىسى ساقىيىدۇ، تىل يارىسى ساقايمايدۇ. كىشىگە
ھەر ئىش كەلسە تىلدىن كېلىدۇ، ياخشىلىقمۇ، يامانلىقمۇ تىلدىن ئايان بولىدۇ.
قاراخانىلار دەۋرىدە يەنە رەشىد بىننى قەشقەرى (1083 - يىلى ۋاپات بولغان)
ۋە ئىمامىدىن قەشقەرى (11 - ئەسىر) قاتارلىق مەشھۇر تىببىي ئۇستازلار
ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. ئىمامىدىن قەشقەرى يازغان " شەرھى ئەلقانۇن "
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ نوپۇزلۇق دەستۇرى ئىدى. 1216 - يىلللىرى
چىڭگىزخاننىڭ بەسىمىدىن غەربكە قاچقان قىتانلارنىڭ سەركەردىسى كۈچلۈك
نۇرغۇن لەشكەرلىرى بىلەن قاراخانىلار زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ ۋەھشىيلەرچە
قىرغىنچىلىق يۇرگۇزدى. نۇرغۇن ئالىملار دارغا ئەسىلدى. مەكتەپ، مەدرسلەر
كويدۇرۇۋەتىلدى. كىتاب ۋە قوليازمىلارنى يىغىپ گۇلخان ياقتى. داڭلىق ئالىم
ۋە مەرىپەتچى ئەللامە ئالائىدىن مۇھەممەت خوتەنى 3000 ئوقۇغۇچىسى بىلەن
بىللە ھازىرقى يۇرتخان كەنتى (6) دە تىرىك كومۇۋەتىلگەنىدى، خوتەننى "
شەھىدانى خوتەن " دەپ ئاتاش ئەنە شۇ قانلىق تارىخنىڭ بىۋاستە يادنامىسى.
ئىزاھاتلار: (1) " خەلق گېزىتى " 1983 - يىل 7 - ئاينىڭ 25 - كۇنىدىكى سانى
7 - بەت. (2) ئەينى زاماندا ئەرەب ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ ئورتاق تىلى
ھېسابلىناتتى. (3) ئوپال قەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 45 كىلومەتر
كەلىدىغان يەرگە جايلاشقان ۋە پامىر ئەتىكىدىن ئورۇن ئالغان، ھاۋاسى ساپ،
تەبىئىي مەنزىرىسى گۇزەل بىر جاي. (4) ئالىمنىڭ ئانىسى بۇبى رابىيە ئوز
زامانىسىدا ئوقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ يەتىلىشىگە چوڭ تەسىر
كۆرسەتكەن. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئاتىسى ھۇسەيىن بىننى مۇھەممەت ۋە بوۋىسى
مۇھەممەت بىننى يۇسۇپمۇ زامانىسىدا ئاتاقلىق كىشىلەر ئىدى. ئانا تەرەپ
بوۋىسى سەيپىدىن تەھىمۇ بىلىملىك كىشى ئىدى. (5) مەھمۇت قەشقەرى مىلادىنىڭ
1118 - يىلى ئوپالدا " مەدرىسەئى مەھمۇدىيە " ناملىق يۇقىرى دەرىجىلىك
مەكتەپ تەشكىل قىلىپ، ئۆزى سەككىز يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ
ئوقۇتقۇچىلىق ھىزمىتىنى تاكى ۋاپات بولغۇچە داۋاملاشتۇرغان. مەھمۇت قەشقەرى
1126 - يىلى 97 يەشىدا ئانا يۇرتى ئوپالدا ۋاپات بولغان. (6) بۇ جايدا
ھازىرمۇ " ئەللامە شەھىتلىكى " دېگەن مازار بار. ئۇ قەدىمقى شەھەر خارابىسى
" يۇرتخان " بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.
6
- باب چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى
كېيىنرەك چىڭگىزخان ئىستېلاسى نەتىجىسىدە چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى
چاغاتاي (1179 - 1242 - يىللار) ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنغا ئۇيغۇرلار
رايونىنى قوشۇپ ئىدارە قىلدى. چاغاتاي ئولۇسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئاشۇ
دەۋرنى تارىخچىلار ئۇنىڭ نامى بىلەن "چاغاتاي دەۋرى" دەپ ئاتىدى.
چاغاتاينىڭ پايتەختى ئالمىلىق (ھازىرقى ئىلى) بولۇپ، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى
ۋە داڭلىق پىداگوگ سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ ئىبنى ئەبۇ يۇسۇپ سەككاكى (1160 -
1128 - يىللار) چاغاتاينىڭ ئىلمىي مەسلىھەتچىسى ئىدى. مەشھۇر دىپلومات ۋە
سىياسەتچى قۇتبىدىن بولسا چاغاتاينىڭ باش دوختۇرى، تالانتلىق مائارىپچى ۋە
يېزا ئىگىلىك ئىنژىنېرى مەسئۇتبەگ چاغاتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى باش
ۋالىسى ئىدى. ئۇيغۇر ئالىمى سەككاكى ۋە مەسئۇتبەگنىڭ ئىجتىھات كۆرسىتىشى
ئارقىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك مائارىپى مۇشۇ دەۋردە يەنە قايتىدىن
گۇللەپ، ئىنتايىن زور تەرەققىي قىلدى. بۇ چاغدا ئالمىلىق، بۇخارا ۋە قەشقەر
ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئىلىم - پەن مەركەزلىرىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ
مەسئۇتبەگ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي - مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا
ئىنتايىن زور ئەمگەك سىڭدۈردى. مەسئۇتبەگ نايامان - كىدانلار تەرىپىدىن
ۋەيران قىلىۋېتىلگەن قەشقەردىكى مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتى "مەدرىسەئى
ساجىئە" نىڭ خارابىسى ئورنىدا مىلادىنىڭ 1260 - يىلى "مەسئۇدىيە" ناملىق
نوپۇزلۇق بىلىم يۇرتى ۋە ئۇنىڭ يېنىدا "سائادەت" ناملىق داڭلىق كۇتۇپخانا
تەسىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى قايتىدىن راۋاجلىنىپ،
قەشقەر پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە "سانى بۇخارا" (ئىككىنچى بۇخارا) دېگەن
شەرەپلىك نامغا ئىگە بولدى. مەسئۇتبەگ 1254 - يىلىدىن 1289 - يىللارغىچە
ئۆزىنىڭ نامىدا ئاتالغان بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىغا شەخسەن ئۆزى بىۋاسىتە
رىياسەتچىلىك قىلدى. مەسئۇتبەگنىڭ يېقىن دوستى - مەشھۇر ئالىم جامال قارشى
(1230 - يىلى تۇغۇلغان، "سۇرراھ" ناملىق يىرىك قامۇسنىڭ ئاپتورى)
"مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىنىڭ نوپۇزلۇق مۇددەررىسى (پروفېسسورى) ئىدى. ئۇ،
"مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىنى تەرىپلەپ مۇنداق يازىدۇ: "... بۇ مەكتەپكە ھەممە
ئىقلىمدىن ھەر يىلى مىڭلاپ ئوقۇغۇچى كېلىپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە يالغۇز ئىلاھىي
تەلىماتلا ئەمەس. بەلكى مۇھىمى ئارىستوتىل، سوقرات، خارەزمى، فارابى، ئىبنى
سىنا پەلسەپىلىرى ... تەتقىق قىلىنىدۇ، ئەرەب، پارس ۋە ئوردۇ قاتارلىق
چەتئەل تىللىرى ئوقۇلىدۇ" ("ساياھەت خاتىرىسى" - جامال قارشى، 1273 - 1274
- يىللار). "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىدا ئۇنۋان ۋە مۇنتىزم ئىمتىھان تۈزۈمى
يولغا قويۇلغان. ئوقۇش پۇتتۇرگۇچىلىك ئەسەر يازغانلارغا ئەللامە
(ئاكادېمىك، دوكتور)، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلار مۇدەررىس (پروفېسسور)،
ئۇچىنچى دەرىجىلىكلەرگە بولسا موللا ياكى خەلپەت ئۇنۋانى بېرىلەتتى.
"مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىدا ئوقۇش پۇتتۇرگەنلەر ئىچىدە نۇرغۇن زىيالىيلار
چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. ھەتتا خانبالىقتا
ھۆكۈمران بولۇپ تۇرغان چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قۇبلاي (1215 - 1294 - يىللار)
نىڭ باش مىنىستىرى (باشبۇغ) لىكىدىكى بەزى خادىملارمۇ ئەنە شۇ مەكتەپتە
ئوقۇغان. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئالاھىدە قەيت قىلىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، بۈيۈك ئۇيغۇر
ئالىمى، مەشھۇر پېداگوگ ۋە تالانتلىق مەمۇرىيەت باشقۇرغۇچى تاتا تۇڭا ئەينى
زاماندا چىڭگىزخاننىڭ ھەممە ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى.
چاغاتاينىڭ ئۆزىمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىدا ئوقۇپ ساۋات چىقارغان. تاتا
تۇڭا دەسلەپتە نايمان ئەلىنىڭ تايانخان (كۇنخان) ئوردىسىدا باش ئىلمىي
مەسلىھەتچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولغان. كېيىن چىڭگىزخان ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغان
چاغدا چىڭگىزخان بۇ ئۇيغۇر ئالىمىنى ئوز ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلىپ، ئوردا
ئوقۇتقۇچىسى قىلغان. تاتا تۇڭا ئەنە شۇ چاغدا كىدان ۋە موڭغۇل ئېلىپبەسىنى
ۋە گرامماتىكا قائىدىسىنى يەنى تۇنجى كىدان ۋە موڭغۇل يېزىقىنى كەشىپ قىلىپ
بەرگەنىدى. بۇ يېزىق كېيىن جۇرجان ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوردا يېزىقىنىڭ
نەمۇنىسى بولۇپ قالدى. تاتا تۇڭا ئىجاد قىلغان كىدان، موڭغۇل ۋە مانجۇ
يېزىقى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرخۇن ئېلىپبەسى ئاساسىدا تۇزۇلگەن. تاتا
تۇڭانىڭ تەربىيىسى خېلى سىڭگەن چاغاتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار
رايونىنى ئىدارە قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن بىرقەدەر كەڭ سىياسەت يۇرگۇزدى.
بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئىش قىلىشنى يولغا قويدى.
ئۇنىڭ كەڭ ئىمپەرىيىسىدە ئۇيغۇر تىلى بىردىنبىر ھۆكۈمەت تىلى ۋە ئالاقەت
تىلى بولدى؛ مەمۇرىي ئىشلار ئەنە شۇ تىل بىلەن يۇرگۇزۇلدى. مەشھۇر ئەرەب
تارىخچىسى ئىبنى ئەل بەشىر (1388 - 1450 - يىللار) مۇنداق يازىدۇ: " ... بۇ
يەردە مەنسەپ بەلگە ناملىرى، بۇيرۇق - پەرمانلار، يازما ئەسەرلەر ئۇيغۇر
تىلى بىلەن بولىدىكەن، پەقەت مۇشۇ تىلنى بىلگەن كىشى روناق تاپالايدىكەن،
ھۆرمەتكە ئامەتكە سازاۋەر بولالايدىكەن" (كىرىپورت، "ئۇيغۇر تىلى
تەتقىقاتى" 56 - بەت). كېيىنكى تارىخچىلار ۋە تىلشۇناسلار بۇ تىلنى مۇشۇ
چوڭ رايوننىڭ سۇيۇرغال ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن باغلاپ "چاغاتاي تىلى"
دەپ ئاتىدى. "قۇتادغۇبىلىك" - قاراخانىلار "ھاقانىيە تىلى" ئاساسىنى
تىكلىگەن بولسا، خۇجا ئەھمەت يەسىۋى تەرىپدىن 1145 - يىلى يېزىلغان "دىۋان
ھەكىمەت" ۋە قەشقەرلىك چوڭ مۇدەررس نەسىردىن ئىبنى بۇرھانىدىن رابغۇزى
تەرىپىدىن 1310 - يىلى يېزىلغان "ئەۋلىيالار قىسسەسى" ناملىق رومان
"چاغاتاي تىلى" ئاساسىنى تىكلىگەنىدى. چۈنكى بۇ ئىككى ئەسەر شۇ زاماندا
ئۆيمۇ ئۆي ئوقۇلىدىغان، تەسىرى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كەڭ تارالغان
ئەدەبىي كىتابلار ئىدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ
ئورنى كۇندىن - كۇنگە مۇستەھكەملەندى. چاغاتاي مائارىپىنىڭ مىراسلىرى تاكى
كېيىنكى ئەسىرلەرگە قەدەر ئوز رولىنى يوقاتماي كەلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار
ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ ئۇقۇمۇشلۇق خەلق بولۇپ
كەلىۋاتقان سالاھىيىتىنى ئوچۇق كۆرسەتتى. پروفەسسور مالوف مۇنداق دەپ
يازىدۇ: "موڭغۇللار ئارىسىغا مەدەنىيەت تارقاتقان، ئۇلارغا ئۇستاز بولغان
ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت ئوردىسىدا ئىش يۇرگۇزگەنلەر ئۇيغۇرلار ئىدى." بۇ
ئەھۋال يالغۇز چاغاتاينىڭ سۇيۇرغال زېمىنىدىلا ئەمەس، ھەتتا قۇبلايخان
تەسىس قىلغان يۇئەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتىدىمۇ شۇنداق. بۇنىڭ مىسالى قىلىپ،
قۇبلايخاننىڭ ۋەزىرى ھەسەن ئەييار، چەت ئەللەر بىلەن ئالاقەت باغلاش ۋەزىرى
ساقى، كۆپ تىل، جۇملىدىن گرەك ۋە لاتىن تىلىنى بىلىدىغان ئالىم ۋە
ھىرىستىئان دىنىي ۋەزىرى رەببانى، جەنۇبىي جۇڭگو ۋەزىرى ئومەر، باش
ئادوۋكات ۋەزىرى بورۇل ئەييار، ھەربىي سەركەردە چاغان تومۇر بىلەن كوك
تومۇر، ئاسترونومىيە ئالىمى جامالىدىن، ئاتاقلىق ئەدىب يۇنۇس ھەييام،
ئاتاقلىق دوختۇر يەھيا، يەزا ئىگىلىك ئالىمى تومۇر تۇۋرۇك، "جۇرجىن تارىخى"
ناملىق ئەسەرنى يازغان تارىخچى سارابان، "سۇڭ سۇلالىسى تارىخى" نىڭ ئاپتورى
يانسارى، مەشھۇر كومپوزىتور مۇھەممەت چولپان، كۆپ تىل بىلىدىغان تىلشۇناس
ئەلسارىلارنى كورسىتىپ ئوتۇش كۇپايە. بولۇپمۇ ئاتاقلىق ئالىم تومۇر تۇۋرۇك
يازغان "زىرائەت ئوسۇملۇكلىرىنى يەتىلدۇرۇش پرىنسىپلىرى" ناملىق ئىلمىي
ئەسەر تاكى يېقىنقى چاغلارغىچە ئېلىمىز مەكتەپلىرىدە ئوقۇلىدىغان مۇھىم
دەرسلىك كىتاب بولۇپ كەلدى. چاغاتاي ئوردىسىنىڭ باش دوختۇرى مىجىت ۋە
قۇبلاينىڭ باش دوختۇرى يەھيانىڭ ئالمىلىق ۋە خانبالىقتا ئاچقان سۇنۇق
كەسەللىكىنى داۋالاش مەكتىپى ئە مال دوختۇرلۇق مەكتەپلىرى نۇرغۇن
شاگىرتلارنى يېتىشتۈرگەن. بۇ دوختۇرلار سىر دەريا ۋادىسىدىن تارتىپ تاكى
خۇئاڭخې ۋادىسىغىچە ئات ئۈستىدە يۈرۈپ بىمالال ۋاراچلىق ۋە تەڭقچىلىق
قىلاتتى. بۇ ھەقتە ئېلىمىزنىڭ مېدىتسىنا كىتابى - مەشھۇر "نەيجىڭ" ناملىق
كلاسسىك قامۇستا يېزىلغان تۈۋەندىكى پاكىتلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ:
"غەربىي رايون - ئالتۇن ۋە قاشتېشى ماكانى، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئوزۇقلىنىشى
ياخشى، گوش، ماي بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، تائاملىرى قۇۋۋەتلىك بولغاچقا،
كەسەللەر ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تەنىنى زەھەرلىيەلمەيدۇ." "ئۇيغۇرلار
ئۇزۇم، بەدە، ئانار، زىغىر، ياڭاق، پۇرچاق، يۇمغاقسۇت، پىياز، سامساق،
زاراڭزا چەچىكى قاتارلىق ئوسۇملۇك ۋە گىياھلاردىن ياخشى دورىلارنى ياسايدۇ.
ئانارنىڭ پوستى مەددە قۇرتىنى يوقىتىدىكەن. ئانار گۇلى كىشىنىڭ روھىنى
زوقلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەن. زىغىرنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ،
مىجەزنى تەڭشەيدىكەن، ئۈزۈم پەي بىلەن سۆڭەككە قۇۋۋەت بېرىدىكەن." يەنە
"جۇگىڭلۇ" ناملىق تىببىي ئەسەردە قۇبلايخاننىڭ باش دوختۇرى يەھيانىڭ
ئېچىتقۇ دورىسىنى كەشىپ قىلىپ، سىچۇەن ئۆلكىسىدە پەيدا بولغان قورقۇنچلۇق
ۋابا كېسىلىنى ساقايتقانلىقى بايان قىلىنغان. شۇ كىتابنىڭ 22 - تومىدا يەنە
مۇنداق تەسۋىرىي پاكىتلار يېزىلغان: رىن زىجاۋ دېگەن كىشى ئېيتىدۇ: "ئۆيگە
قايتىۋاتسام قوشنامنىڭ ئوغلى بېشى قاتتىق ئاغرىپ، نالە - پەرياد ئىچىدە
يېتىپ قاپتۇ، بىر ئۇيغۇر تىۋىپ كېلىپ، يېنىدىكى ئۇستىرا بىلەن بالىنىڭ
پىشانىسىنى يېرىپ، بىر كىچىك قۇرت ئېلىۋەتتى. ھېلىقى قۇرت قاتتىق تاشتەك
ئىدى. قۇرت بىرئاز ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ قالدى. بالىمۇ
دەرھال ساقايدى." يەنە شياشۇسۇ دېگەن كىشى ئېيتىدۇ: "پىڭچياڭ ئەگمىسى
يېنىدا بىر كىشىنىڭ ئېتى قورسىقى كۆپۈپ يېتىپ قالغانىكەن. بىر ئۇيغۇر
دوختۇر كەلدى - دە، ئاتنىڭ پۇتىدىن بىر نېمىنى كېسىۋەتتى، ھايال بولماي ئات
ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى..." يۇەن سۇلالىسى تەزكىرىلىرىدە يەنە مۇنداق تارىخىي
پاكىتلار نەقىل كەلتۈرۈلگەن: ... ئىچكىرىگە كېلىپ تىجارەت قىلىدىغان
بىرنەچچە مىڭ سودىگەرلەر قاتارىدا ئۇيغۇر تىۋىپلىرىمۇ كۆپ ئىدى. ئۇلار
بەيجىڭ قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن دورىخانىلارنى ئاچقان ۋە داۋالاش
ئورگانلىرىنىمۇ قۇرغان. بۇ دورىخانىلاردا سەرىق قۇيرۇقلۇق جەرەننىڭ
ئەزالىرىدىن ياسالغان قىممەتلىك دورىلار بار ئىدى. بۇ دورىلار ئادەمنى
سەمرىتىش، سوغۇق يەلنى ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىدى. ياز كۈنلىرى
دورىخانىلاردا قىمىزمۇ سېتىلاتتى. قىمىز بولسا قېرىلىقنى كەتكۈزۈپ، ئادەم
ئورگانىزمىنى، بولۇپمۇ ئوپكە بىلەن يۇرەكنى ياشارتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە
ئىدى. يۇقىرىدىكى پاكىتلار چاغاتاي زامانىسىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئەينى
زامان شارائىتىدا ئىھتىساسلىق كىشىلەرنى قانچىلىك يېتىشتۈرگەنلىكىنىڭ بىر
تەرىپى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىز چاغاتاي مائارىپىنىڭ يادروسى بولغان
قەشقەردىكى "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن يەتكۇزگەن
مىراس مەۋىلىرىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۆگىنىپ كورىدىغان بولساق، ئۇنىڭ
پارلاق نەمۇنىلىرى كوز ئالدىمىزدا تەھىمۇ جانلىق نامايەن بولىدۇ. بىز
يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئوتكىنىمىزدەك تۈرلۈك جايلاردىن مىڭلىغان تالىپلار
"مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىغا كېلىپ بىلىم ئالاتتى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى كەشمىر
ۋە لاھۇردىن، بەزىلىرى بالاساغۇن ۋە قىپچاق دالىلىرىدىن، بەزىلىرى
ھۇراساندىن ھەم تارىم بويلىرىدىكى تۈرلۈك شەھەر - يېزىلاردىن ۋە ئىلى دەريا
ۋادىسىدىن كېلىپ مەكتەپتە قونۇپ ئوقۇيتتى. ئوقۇش پۇتتۇرگەنلەر ئىچىدە
نۇرغۇن كىشىلەر ئاتاقلىق شائىر ۋە ئالىملاردىن بولۇپ تونۇلۇپ، تۈرلۈك
جايلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھۇراساندا ئوقۇتقۇچى بولۇپ
ئىشلىگەن ۋە پۈتۈن ئومرىنى مائارىپ ئۈچۈن بەغىشلاپ چوڭ نەتىجە بىلەن ئابروي
قازانغان سەئىد قەشقەرى، مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفى قاتارلىقلار بار. سەئىد
قەشقەرى ھۇراساندا ئومرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەپ، كۆپ ئالىملارنى
يېتىشتۈرگەن. مەشھۇر پارس شائىرى ئابدۇراھمان جامى (1414 - 1492) مۇ سەئىد
قەشقەرىنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىدى. چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ ئاخىرقى
مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن
مەرىپەتپەرۋەر يازغۇچى مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفى (1366 - 1465 - يىللار)
بىلەن ئېلىشىر ناۋايى (1441 - 1501 - يىللار) مائارىپ تارىخىمىزدا مۇھىم
ئورۇن تۇتىدۇ. لۇتفى ئىستىداتلىق يازغۇچى بولۇپلا قالماي، يەنە نوپۇزلۇق
مائارىپچى ئىدى. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى "پاساھەتلىك ئەدىپ" ھەم "ئەزىز، تەۋەرۇك
زات" دەپ قوش ئۇنۋان بىلەن ھۆرمەتلەيتتى. ئېلىشىر ناۋايى ئۇنى "مەلىكۇل
كالام" (سۆز پادىشاھى) ۋە "تەۋەرۇك ئۇستاز" دەپ مەدھىيلىگەن. لۇتفى ئوتتۇرا
ئاسىيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بېرىپ، چوڭ مەكتەپلەردە لەكسىيە سۆزلىگەن؛
ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، پارس، ئەرەب تىل گرامماتىكىسىدىن دەرس ئوتكەن. ئۇ 20
دىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ 2400 مىسرادىن ئارتۇق كەلىدىغان "گۇل ۋە
نورۇز" ناملىق داستانى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئاساس تىكلەپ بەرگەن.
لۇتفىنىڭ پارس تىلىدا يازغان شېئىرىي ئەسەرلىرى ئىران تىلى سىستەمىسىدىكى
خەلقلەر ئىچىدىمۇ چوڭ شۆھرەت قازانغان. لۇتفى يەنە مەشھۇر تومۇرلەڭ (ئاقساق
تومۇر) ھەققىدە يېزىلغان "زەپەرنامە" ناملىق ئەسەرنى پارسچىدىن ئۇيغۇرچىغا
تەرجىمە قىلغان. ئاتاقلىق شائىر ئېلىشىر ناۋايى بولسا ئۇيغۇر مائارىپى ۋە
شېئىرىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن مۇتەپەككۇر ۋە كلاسسىك يازغۇچى،
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كلاسسىك مۇزىكىسى - 12 مۇقامنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇقام
كۇيلىرى ئېلىشىر ناۋايىنىڭ شېئىر تەكستلىرىگە سەلىنغان. ناۋايىنىڭ
تاللانغان شېئىرلار توپلىمى - "ناۋايى" ناملىق دەرسلىك كىتاب ئۇيغۇر
مەكتەپلىرىدە رەسمىي ئوقۇشلۇق بولۇپ كەلگەنىدى. ناۋايىنىڭ "ھەمىسە ناۋايى"
ھەم "چاھار دىۋان" قاتارلىق يىرىك داستان ھەم شېئىرىي ئەسەرلىرى، شۇنىڭدەك
يەنە بىر قانچە پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى بار. ئۇ بۇ ئەسەرلىرىدە ئىلىم -
مەرىپەتنى، ھەققانىيەتنى، ئادالەتپەرۋەرلىكنى كۇيلىگەن، ئەمگەكنى ۋە
ئەمگەكچى خەلقنى مەدھىيىلىگەنىدى. ئېلىشىر ناۋايى ئۆزىنىڭ "مەھبۇبۇل قۇلۇپ"
ناملىق ئەسىرىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەجىر - مەھنىتىنى يۇقىرى باھالاپ مۇنداق
يازىدۇ: "ئوقۇتقۇچى يۇمران بالىلارنى جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ئۆزىگە رام
قىلىدۇ. بالىلارغا تەربىيە سىڭدۈرۈشتە ئۇلارنىڭ تىلى ئېرىگەن قوغۇشۇنغا
ئوخشايدۇ. ئۇلار بەڭباش بالىلارنى تۈزەشتە، ئەدەب ئۆگىتىشتە نۇرغۇن جاپا،
ئەجىر چېكىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلاردا ھەققى ئىنتايىن كۆپ.
ئەگەر ئوقۇغۇچى كېيىن پادىشاھ، شەيخۇلئىسلام ياكى قازى بولسۇن، ئۇ،
ئوقۇتقۇچىسىغا قۇللۇق قىلغىنى خوپ. چۈنكى ئۇنىڭدىن ئۇستازى رازى بولسا
تەڭرى رازى بولىدۇ..." ھەق يولىدا كىم ساڭا بىر ھەرپ ئوقۇتمىش رەنج ئىلە،
ئەيلىمەك بولماس ئۇنىڭ ھەققىن ئادا يۇزگەنچ ئىلە. (ساڭا بىر ھەرپ ئۆگەتكەن
ئۇستازنىڭ ھەققىنى يۈز تىللا بېرىپمۇ ئادا قىلالمايسەن) (ئەلشىر ناۋايى
"مەھبۇبۇل قۇلۇپ" 113 - بەت) ناۋايى ئىلىم - مەرىپەت توغرىسىدا يەنە مۇنداق
دېگەنىدى: ئىلىمدىن ئارى ئۇلۇسنىڭ ھۇدكامەسى، ئۆرگۈنۈرگە جىد - جەھىد
ئۆتكەن جاھان ئەللامىسى. ناۋايى خەلقپەرۋەرلىك توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ:
يۈز جاپا قىلسا ماڭا بىر قەتلە پەرياد ئەيلەرەم، ئەلگە قىلسا بىر جاپا يۈز
قەتلە پەرياد ئەيلەرەم. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ دېداكتىك مەزمۇنىدىكى ھېكىمەتلىك
شېئىرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن:
توقلۇق ھىرسىن كۆڭۈلدىن يوق قىل، ئۆزۈڭ ئاچ بولۇپ، بىر ئاچنى توق قىل.
لىباس ھەر نەچچىكىم زىبادۇر. كىيگىنىڭدىن كىيدۈرگىنىڭ ئەلادۇر. چىراغىنى
ھەق ياندۇردى، كۆيدى، ئۇنى كىم پۇپ دەدى، ساقىلى كويدى. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ
16 خىل لىرىك ژانىردىن تەركىب تاپقان "خازائىنۇل مەئانى" (مەنىلەر
خەزىنىسى) ناملىق شېئىرىي ئەسەرلەر توپلىمى 48 مىڭ 803 مىسرالىق 3130 پارچە
شېئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت چوڭ دىۋان ("چاھار دىۋان") دىن ئىبارەت
غايەت چوڭ ھەجىملىك يىرىك ئەسەردۇر. يەنە بەش چوڭ داستاندىن تەركىب تاپقانى
"خەمىسە ناۋايى" ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق ئېلىشىر ناۋايى مول ھوسۇللۇق
ئىجادىيەت نەمۇنىسى بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ئەسىرلەردىن بۇيان
ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە
تەلىم - تەربىيە دەرسلىكى بولۇپ كەلدى.
7
- باب سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى
14 -
ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چاغاتاي ئۇرۇقى ئىچىدە جىددىي پارچىلىنىش يۇز بەردى.
بىر قىسمى تۇغلۇق تومۇرخان يەتەكچىلىكىدە (300 مىڭ كىشى) ئىسلام دىنىغا
كىردى (1). بۇلارنى ئىقرابانچۇق ياكى "يانغانلار"، ئىسلام دىنىغا
كىرمىگەنلەرنى "قالغانلار" دەپ ئاتاشتى. "قالماق" سۆزى ئەنە شۇ كېيىنكى
سۆزنىڭ ئوزگەرگەن ۋارىيانتى. ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ كۈچلۈك تەسىر كورسىتىشى
ئارقىسىدا چاغاتاي ئەۋلادىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەنىدى. ئارىدىكى
ئۇزۇنغىچە داۋام قىلغان ۋەيرانچىلىقتا ھاراپ بولغان مائارىپ ۋە سەنئەت
يەكەن مەركەز قىلىنغان سەئىدىيە خانلىقى (1514 - 1678 - يىللار) دەۋرىدە
قايتا گۇللەندى. چۈنكى بۇ دەۋردە مەدەنىي - مائارىپ ۋە سەنئەتنىڭ گۇللىنىشى
ئۈچۈن بىرقەدەر تىنچ مۇھىت يارىتىلدى. سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەسىس قىلغۇچىسى
خۇجا باتۇر سۇلتان سەئىد ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مەرىپەتپەرۋەر ئالىم ۋە
ئەدىبلەردىن ئىدى. شۇڭا بۇ دەۋردە يۇقىرى دەرىجىلىك مەدرىسە، ئوتتۇرا ۋە
باشلانغۇچ دەرىجىلىك مەكتەپلەر، مۇزىكا مەكتەپلىرى (بەزى مەنبەلەرگە
ئاساسلانغاندا، بۇ چاغدا قۇرۇلغان مەكتەپلەر جەمئىي 2263 كە يەتكەن. 1522 -
يىلى قۇرۇلغان "مىرزا ھەيدەر" مەدرىسى، 1630 - يىلى قۇرۇلغان مەشھۇر
"ساقىيە" ناملىق مەدرىسە شۇ چاغدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ھېسابلىناتتى)
قۇرۇلۇپ نۇرغۇن ئالىملار، ئوقۇتقۇچىلار، مۇزىكاشۇناسلار، تارىخشۇناسلار،
ئەدىب - يازغۇچىلار، بىناكارلىق ماھىرلىرى تەز يېتىشىپ چىقتى. بۇنىڭدىن
باشقا، بۇ دەۋردە "سىپاھىيە" (ھەربىي مەكتەپ)، "شىپاھىيە" (تىببىي مەكتەپ)،
"ھودۇدىيە" (چېگرا ساۋاتى) ۋە "ئايىنەئى ساپارات" (ئەلچىلەر ئەينىكى)
قاتارلىق كەسپىي مەكتەپلەرمۇ تەسىس قىلىندى. ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسىنىڭ
ئاساسى مۇشۇ چاغدا مەيدانغا كەلدى. بولۇپمۇ بۇ دەۋردىكى مائارىپنىڭ ئەڭ چوڭ
ۋە مەشھۇر ۋەكىلى سۇلتان ئابدۇرەشىدخان (1510 - 1570 - يىللار) شۇ چاغدىكى
قەشقەر ۋە يەكەن خانلىق مەدرىسلىرىدە ياخشى تەلىم ئالغان ئىقتىدارلىق ئالىم
ۋە سىياسەتچى ئىدى. ئاتاقلىق تارىخچى موللا موسا سايرامى ئۇنى "ئالىم،
پازىل شائىر، ئەرەب، پارسچە بىلىدىغان تىلشۇناس ۋە ماھىر مۇزىكاشۇناس..."
دەپ تەرىپلىگەن. "تارىخىي رەشىدى" ناملىق ئەسەردە: "ئۇ ئالىملارنىڭ
ھىمايىچىسى، مۇزىكا ئىلمىنىڭ مۇسەننىفى. ئۇ، چارتار، دۇتار، ساتا، قالۇن،
تەمبۇر، راۋاب، ئۇد، غىجەكلەرنى ياخشى چالاتتى. ئۇ ماھىر خەتتات ۋە پارسچە،
تۈركچە شېئىر يازالايدىغان كامىل شائىر ئىدى" دەپ تەرىپلەنگەن. شۇڭا بۇ
دەۋردە ئاماننىساخان، مىرزا ھەيدەر قەشقەرى، قەدىرخان يەكەندى، مەۋلانا
ھۇلقى، مىرزا مىرەك چالىش، ئايازى قاتارلىق نۇرغۇن تالانتلىق مەرىپەتپەرۋەر
كىشىلەر يەتىلىپ چىققانىدى. سەئىدىيە دەۋرى مائارىپىنىڭ يەنە بىر
ئالاھىدىلىكى ھوسنخەتشۇناسلىقنىڭ كۆپ دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقى بولدى.
دەرسلىك كىتاب، نادىر ئەسەرلەرنى ھوسنخەت بىلەن يېزىش تەلەپ قىلىناتتى.
ئۇلار "خەتتات" دەپ ئاتىلاتتى. مۇھۇر، تامغا، قەبرە تاشلىرى، مەدرىسە،
گۇمبەز، مۇنار تاملىرى كوزنى چاقنىتىپ تۇرىدىغان ھوسنخەتلەر بىلەن
بەزىلەتتى ۋە نەقىشلىنەتتى. گۇل چىقىرىپ، ئىچىگە نەقىش شەكلى بىلەن
قوندۇرۇلغان ھۆسنخەتلەر ئىمارەتكە سىن كىرگۈزۈپ، كۈركەملىكىنى ئاشۇراتتى.
ئەينى زاماندا خەتتاتلىق سەنئىتىنى بىلمىگەن كىشىلەر تولۇق بىلىملىك
ھېسابلانمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھوسنخەت ئىلمى خانلىق مەدرىسلەرنىڭ ئاساسىي
دەرسلىرى قاتارىدا ئوگىتىلەتتى. سەئىدىيە دەۋرىدە يەنە "نورۇز"
پائالىيەتلىرى ئەڭ گۇللەنگەن بولۇپ، مۇشۇ ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەر ئارقىلىق
ئىجتىمائىي تەنتەربىيە ۋە ئىجتىمائىي تەلىم - تەربىيە كەڭ يۇرگۇزۇلەتتى.
نورۇز پائالىيەتلىرى رەڭگارەڭ تۇرلەرنى ئوز ئىچىگە ئالاتتى: "نورۇز چەيى"،
"ھەپتە سالام"، "مۇشائىرە كەچىلىكى"، "نورۇز ناخشا - قوشاقلىرى"، "نورۇز
مەشرىپى"، "نورۇزلۇق مۇنبىرى"، "چەۋاندازلارنىڭ ئات بەيگىسى"، "ئوغلاق
تارتىشىش"، "چەلىشىش"، "ئەلنەغمە مۇنبىرى"، "چاقپەلەك ئويناش" ۋە باشقىلار.
سەئىدىيە مائارىپى "نورۇز بايرىمى" دىن كېيىن، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ
دەرسىنى باشلايتتى. ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى يەتلەپ مۇئەللىملەرنىڭ
ئالدىغا بېرىپ ئەدەب - ئەردەم بىلەن توۋەندىكى سۆزنى بەجا كەلتۇرەتتى:
"پەرزەنتىمىزنىڭ جېنى تەڭرىمىزدىن، ئۇستىخىنى ئاتا - ئانا (بىز) دىن؛ بەختى
- ئىقبالى ئۇستازىدىن..." ئاتا - ئانىلار مۇشۇ تەرىزدە ئۆزىنىڭ
پەرزەنتىلىرىنى مەكتەپكە تاپشۇراتتى. مۇئەللىم جاۋابەن توۋەندىكى
مۇشائىرەنى بايان قىلىپ بالىنى قوبۇل قىلىپ ئالاتتى: "مەرىپەت چىرىغى
دىلىنى ئاچقاي، مەرىپەت ئاچقۇچى تىلىنى ئاچقاي..." مۇشۇنداق رەسمىيەت
ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سەئىدىيە مەكتەپلىرىنىڭ مائارىپ نىزام -
قائىدىسى ئىدى. "نورۇزلۇق مۇنبىرى" دە مەلۇماتلىق ۋەئىز (ناتىق) لار ۋە
نوپۇزلۇق جامائەت ئەربابلىرى سۆزگە چىقىپ پەندى - نەسىھەتلەر ئارقىلىق
تەلىم - تەربىيە ئېلىپ باراتتى. بۇنداق ئۇسۇل مەكتەپلەردىمۇ پات - پات
بولۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تۈۋەندىكىچە: ئۆزىدە
سەخىيلىق، ئىلىم ۋە ساداقەت سۈپەتلىرى يېتىشكەن كىشى مەرت بولالايدۇ.
ھەققانىيەت ئۈچۈن كەلگەن بالا - قازانى راھەت بىل. خەلق پايدىسى ئۈچۈن
ئۆزۈڭنىڭ زىيىنىغا رازى بول. زىيادە مۇبالىغە ۋە مەدھىيىچىلىك شائىرنى
يالغانچىلىققا باشلايدۇ. مەدھىيە - مۇبالىغە ئۆرلىگەنسېرى ئۆزۈڭ شۇنچە
قۇللۇق ئورنىغا چۈشۈپ خورلىنىسەن. ئادەمنىڭ سىنالغىنى، ئالمىنىڭ قىزارغىنى
ياخشى. قازى خاپا بولغان كۈنى ئىشىكى ئالدىغا بارما. خالىمىغان ئىشىڭنى
كىشىگە تاڭما. ئاچچىقىڭنى ئاشكارىلىماسلىققا ئادەت قىل. نادان ۋە جاھىل
بىلەن مۇنازىرىلىشىمەن دەپ ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلما. مۇناپىققا ياخشىلىق
قىلىش ياخشىلىقنى زايە قىلىشتۇر. كىشىگە دۈشمەن بولما، كىشى دۈشمەن بولىمەن
دېسە، قورقما. سەۋەبسىز تەتۇر قارىغان دوستۇڭغا ئوزرە ئېيتما، چۈنكى ئۇنىڭ
قەلبىدە ساختا دوستلۇق ئورۇن ئالغان. مەنىسىز سۆھبەتداشلىقتىن تەنھا خىيال
ياخشى. يېرىم دوستۇڭغا سىر بەرمە. بۈگۈنكى مىھنەت ئەتىنىڭ راھىتى.
ھۇرۇنلۇق - بەختسىزلىكنىڭ ئالامىتى. كىشى ئۆزى ئۈچۈن گۇۋاھچىلىقتىن
ئۆتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ۋەزنى - مىقدارىنى خەلق ئۆلچەيدۇ. ئەقلىڭ يەتمەس سۆزنى
قىلما، كۈچۈڭ يەتمەس ئىشقا ئېسىلما. ئىلىم - ھۈنەر ئۆگەنمىگەن كىشى
بىچارىلىككە رازى بولغانلىقتۇر. تەلۋىگە بېرىلىدىغان ياخشى جاۋاب - سۇكۇت.
ئوز پەرزەنتىدىن ھۆرمەت تەلەپ قىلغۇچى كىشى ئاۋۋال ئۆزىمۇ ئاتا - ئانىسىغا
قانداق قىلغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرسۇن. ئاتا - ئانىنىڭ قەرزى
پەرزەنتلىرىنى مال - دۇنيالىق قىلىپ قويۇش ئەمەس، بىلىم - ھۈنەرگە ماھىر
قىلىپ قويۇشتا.
ئىزاھاتلار: (1) تۇغلۇق تومۇرخان ئۆزىنىڭ پىر ئۇستازى مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ
كۇچادا تەسىس قىلغان "ۋەلىيە" مەدرىسىگە نۇرغۇن ئىقتىساد ئاجرىتىپ بەرگەن.
بۇ مەدرىسە ئوز زامانىسىدا كاتتا مەكتەپ بولۇپ شۆھرەت تاپقانىدى.
8
- باب «چىراغسىز جاھالەت ئەسىرى» دە تۇنجۇقتۇرۇۋېتىلگەن مائارىپ
بىراق، سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە پەيدا بولغان مۇتەئەسسىپ ئىشان
ھىدايىتۇللا خوجا (1626 - 1694) قاتارلىقلار تەركىدۇنيالىقنى، جاھالەتنى
تەرغىب قىلىپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەرەققيپەرۋەر سىياسىتىگە ئاشكارا قارشى
چىقتى. ئاخىر 1677 - يىلى كەشمىر ئارقىلىق تىبەتكە ئوتۇپ، دالاي لامانىڭ
ئالدىغا بېرىپ، ئەرز - شىكايەت ئوقۇدى. دالاي لاما جۇڭغار گېنېرالى
غالدانغا خەت يېزىپ، ھىدايىتۇللا خوجىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 12 مىڭ كىشىلىك
قوشۇننى قەشقەرگە ئەۋەتىشنى تاپشۇردى. تۈمەن بويىدىكى جەڭدە سەئىدىيە
قوشۇنلىرى يېڭىلىپ قالدى. نەتىجىدە ھىدايىتۇللا خۇجا "ھەزرىتى ئاپئاق"
دېگەن ئۇنۋان بىلەن قورچاق ۋاڭ بولۇۋالدى ۋە سوپىزمنى كۇچىنىڭ بەرىچە
تەرغىپ قىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى "چىراغسىز جاھالەت ئەسىرى" ئىچىدە
قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مائارىپى تۇنجۇقتۇرۇۋەتىلدى. پەلسەپە،
ئاسترونومىيە، تارىخ، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە پەنلىرىنى ئۆگىنىشنى ئۇ،
"پەرەڭلەرنىڭ سەھرىسى"، "جەدىتلىق" دەپ جار سېلىپ مەنئى قىلدى، "پانىلىق
ناساراغا مەنسۇپ، بىزگە قىيامەتلىك" دەپ چۇقان كوتۇردى. ھالبۇكى، دەل شۇ
چاغدا دۇنيانىڭ يېڭى مائارىپى تەز راۋاجلانماقتا ئىدى. "ناسارا پەرەڭلىرى"
(1) بەس - بەس بىلەن ئالىي ئۇنىۋەرسىتەتلارنى قۇرۇشماقتا ئىدى. ھىدايىتۇللا
ھوجىنىڭ سوپى دەرۋىشلىرى بولسا، ئەكسىچە جەندى - كۇلالىرىنى كىيىشىۋەلىپ،
ھەممىلا جايدا تەركىدۇنيالىقنى تەشەببۇس قىلىشاتتى. ھوتۇن - قىزلار ھەرەم
ئىچىدە تۇتۇلۇپ، ئەركىنلىكتىن ھەمرۇم قىلىناتتى. بۇ خىل روھىي كىشەنلەرگە
قارشى خەلق ئىچىدىكى تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن
نارازىلىق بىلدۇرەتتى. خەلق ئىچىدە جاھىل سوپىلار گۇرۇھىنى مەشىرە
قىلىدىغان قوشاق - شېئىرلار پەيدا بولغانىدى. مەسىلەن: قولۇڭدا دالۋىيىڭ
بولسا، "قۇ" نىڭ نەمىشى، دىلىڭدا ئىمانىڭ بولسا، "ھۇ" نىڭ نەمىشى. سوپى -
ئىشانلارنىڭ جاھالەتتە قالدۇرۇش ۋە نادانلاشتۇرۇش ئاقىۋەتلىرىدىن
پايدىلانغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى كېيىنرەك شوتاڭ مەكتەپلىرنى
تەسىس قىلىپ، ئوزلىرى ئۈچۈن پەقەت تىلماچ (تۇڭچى) لارنى تەييارلاشنى مەقسەت
قىلدى. شوتاڭ مەكتەپلىرىگە مەجبۇرىي ئەلىنغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئەغىر
جىسمانىي ئازاپ چەكەتتى، ئۇلارنىڭ ئىززەت - ھورمىتى، غورۇرى دەپسەندە
قىلىناتتى، ئۇلارنىڭ مىللىي كىيىم كىيىشىگە يول قويۇلمىغانىدى. ئۇلارغا
بەشىغا سەككىز قىرلىق تەقى، تەقى ئۇستىدە قۇببۇ شەكىللىك قىزىل مارجان
پۇپۇك بەكىتىلگەن ھەمدە ئۇچىسىغا سەرىق زەي تۇتۇلغان ۋە قارا ئىزمە
تۇگۇلگەن قۇيازى كىيگۇزۇلەتتى، قارا لەمبۇقتىن ئۇچىغا جۇلا ئورۇپ ئۇلانغان
بىر ئۇزۇن يالغان ئورۇمە چاچ قۇيرۇقىغىچە تېگىپ تۇراتتى. مانا بۇ شوتاڭ
مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ مانجۇچە ئوبرازى ئىدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دەۋرى ئۇيغۇر مائارىپى تارىخىدا زۇلمەتلىك دەۋر
ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، مۇشۇ زۇلمەتلىك ۋە "چىراغسىز جاھالەت ئەسىرى" دە
ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى تۇنجۇقتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ نۇرلۇق شاملىرى ئۆچۇرۇپ
تاشلانغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مىسلى كورۇلمىگەن نادانلىق ۋە قۇللۇق
ھۆكۈم سۇردى. سوپىزم نادانلاشتۇرۇشنىڭ قورالى بولسا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ
ھۆكۈمرانلىرى قۇللاشتۇرۇشنىڭ ئامىلى بولدى.
ئىزاھاتلار: (1) "ناسارا پەرەڭلىرى" - ياۋروپا مەملىكەتلىرىنى كوزدە
تۇتىدۇ.
9
. باب يېڭى مەكتەپ مائارىپىنىڭ باشلىنىش تارىخى
"ئۆتمۇشنى ئۇنتۇش جىنايەت" (ۋ. ئى. لەنىن)، يۇقىرىدىكى سېلىشتۇرما ئارقىلىق
بىزگە مەلۇم بولىدۇكى، تاكى 19 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىمۇ تيانشاننىڭ
شىمالى ۋە جەنۇبىدا يەنىلا ئەغىر جاھالەت ھۆكۈم سۇرمەكتە ئىدى، پۈتۈن
تەكلىماكان ۋادىسىدا پارلاق مەرىپەت شامى بولۇپ يانغان قەشقەردەك مەرىپەت
مەركەزلىرىدە ئەينى زاماندىكى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقەرى ۋە يۇسۇپ
خاس ھاجىپتەك مۇتەپەككۇر زاتلارنى يېتىشتۈرگەن مەشھۇر "ساجىئە" بىلىم يۇرتى
ۋە كېيىنرەك نۇرغۇن ئالىملىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا داڭقى چىققان
"مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىنىڭ ئىلىم - مائارىپ شاملىرى ئاللىقاچان ئۆچۇپ
پۈتۈن تارىم ۋادىسى زۇلمەت ئىچىدە قالغانىدى. دەل شۇ چاغدا دۇنيانىڭ
ئىككىنچى بىر چەتى - ياۋروپا ئەللىرىدە بولسا، يېڭى تەھنىكا ۋە يېڭى
مائارىپ جۇش ئۇرۇپ جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۇرۇشكە باشلىغانىدى. 1770 -
يىللىرى جىمىس ۋات تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان پار ماشىنىسى، 1804 - يىلى
فولتۇن تەرىپىدىن ئىھتىرا قىلىنغان ئوكيان پاراھوتى، 1805 - يىلى سەتىۋىنىس
كەشىپ قىلغان پويىز ۋە تومۇر يول، فارادى ئاساس سالغان توك (ئەلەكتر)
ئەنىرگىيىسى، 1902 - يىلى ئاكا - ئۇكا رەيت تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان
ئايروپىلان ۋە باشقىلار شەرقتىكى غاپىللار دۇنياسىنى ھەيران قالدۇردى.
ئەينى زاماندىكى يېڭى تەھنىكا كەشپىياتلىرىغا ئەگىشىپ تۈرلۈك - تۇمەن زاۋۇت
- فابرىكىلار ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا قەد كوتۇرۇشكە باشلىدى. غەربتىكى مۇشۇ
تەرەققىياتنىڭ ئويغىتىشى ئارقىسىدا بەزى ئىسلام ئولىمالىرىنىڭ ۋە
تەرەققىيەتپەرۋەر كىشلەرنىڭ كوزى ئېچىلىپ، دۇنياغا نەزەر سېلىشقا مەجبۇر
بولدى. ئۇلاردىن بىرى ئويغىنىش توغرىسىدا ھىتاب قىلىپ مۇنداق يازغانىدى:
قوپ! ئى ئاداش بىر... ئەتراپىڭغا باق، باق... نە كورەرسەن ئويلىغىن ئۇزاق!
يەردە، ھاۋادا، سۇدا كەلۇرلەر، ياۋروپالىقلاردىن ئال ئەمدى ساۋاق!...
ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى مەكتەپ مائارىپى مۇشۇنداق ھىتاب ۋە ئەھتىياج ئاستىدا
باشلاندى. بۇ يېڭى مەكتەپ مائارىپى "ئۇسۇلى جەدىت" دەپ ئاتالدى. "ئۇسۇلى
جەدىت" نىڭ شەرقتىكى ئەڭ يىرىك ۋەكىلى ۋە تەشەببۇسكارى جامالىدىن ئاپغانى
(1838 - 1897) بولۇپ، ئۇ شەرق مۇسۇلمانلىرى بىرلىشىپ، جاھانگىرلىككە قارشى
تۇرۇش ۋە ئىسلامىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس
قىلغانىدى. بۇ ئىسلاھات يېڭى مەكتەپ مائارىپىنى ("ئۇسۇلى جەدىت" نى) يولغا
قويۇشنى ئوز ئىچىگە ئالاتتى. "ئۇسۇلى جەدىت" نىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مۇھىم
تەشەببۇسكارلىرى ۋە تەسىس قىلغۇچىلىرى ئاتۇش ۋە ئىلىدا ھۇسەيىن مۇساباي،
باھاۋىدىن مۇساباي، ئابدۇقادىر داموللا قەشقەرى، تاش ئاھۇنۇم؛ تۇرپان
ئاستانىدا مەقسۇت مۇھىتى، كۇچادا ھامىت ھاجى قاتارلىقلار ئىدى. بۇلارنىڭ
بەزىلىرى يېڭىدىن بىخ ئۇرۇپ چىققان مىللىي سانائەتنىڭ تىپىك ۋەكىلى،
شۇنداقلا بەزىلىرى يېڭى مائارىپنىڭ ئاساسلىق تەرغىباتچىسى بولۇپ، جاھالەتكە
قارشى كوكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقتى. بەزىلىرى ھەتتا پەتىربۇرگ،
فىنلاندىيىگىچە، بەزىلىرى گېرمانىيە ۋە پارىژغىچە، يەنە بەزىلىرى كىچىك
ئاسىيا ۋە ئەرەب دۇنياسىغىچە ئارىلاپ يۇرۇپ دۇنيانىڭ ئەينى زاماندىكى
تەرەققىيات مەنزىرىسىنى ئوز كوزلىرى بىلەن كۈزەتتى. ئۇلار ۋەتەنگە قايتىپ
كەلگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن سانائەتنى تۇتسا، بىر تەرەپتىن يېڭى
مائارىپقا ئاساس سېلىش يولىدا جىددىي كۇرەش قىلدى. 1907 - يىلى ھۇسەيىن،
باۋۇدۇن ئاكا - ئۇكا گەرمانىيىنىڭ "دولاق" ماركىلىق سانائەت شىركىتى بىلەن
دىگىۋارلىشىپ، ئىلىدا ھۇرۇم زاۋۇتى قۇردى. تاش ئاھۇن يەكەندە سەرەڭگە
زاۋۇتى ۋە شاتۇۋا توقۇمچىلىق كارخانىسىنى قۇردى. تۇرپان ئاستانىدا مۇسۇل
ھاجى، ۋاجىت ھاجىلارنىڭ پاھتا زاۋۇتى قۇرۇلدى. مىللىي بۇرزجۇئازىيىنىڭ
ئەھتىياجىغا ماسلىشىپ، 1916 - يىلى ئاتۇش، يەكەن ۋە ئىلىدا سانائەت ۋە
بوغالتىرلىق كەسپىي تەھنىكوملىرىمۇ قۇرۇلدى. مانا بۇ يۇقىرىقى پاكىتلار
ئۇيغۇر يېڭى مەكتىپىنىڭ دەۋر ئارقا كورۇنۇشى ۋە ماددىي ئاساسلىرى ئىدى.
ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاتۇشتا يىلتىز تارتىشىدا بۇ
ناھىيىدىن چىققان بىر تۈركۇم مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى
تۇرتكە بولغاننىڭ سىرتىدا، يەنە جۇغراپىيىۋى ئوزگىچە مۇھىت - شارائىتنىڭمۇ
بەلگىلىك رولى بار. ئاتۇش ئىقلىمى قۇرغاق، ھاۋاسى ساپ جاي، قۇرغاق ئىقلىم
ئاتۇش خەلقىنى چىداملىق ۋە غەيرەتلىك قىلىپ يېتىشتۈرگەن. شۇنداقلا بۇ جايدا
ئەقىن سۇنىڭ قىسلىقى، ئەكىنزارلىقنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى ئاتۇش خەلقىغە
شىجائەت، تىرىشچانلىق ۋە ئىزدىنىش روھىنى سىڭدۇرگەن. بۇنداق روھ ئۇلاردا
تىجارەت قىلىش، ساياھەت قىلىش ۋە يۇقىرى ئۆرلەش خۇسۇسىيەتلىرىنى
يەتىلدۇرگەن. بىراق، ئىكساقتا تەسىس قىلىنغان تۇنجى يېڭى مائارىپنىڭ
ئاساسچىلىرىنىڭ ئوزلىرىگە خاس ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىك
پەزىلىتىنىمۇ نەزەرگە ئېلىش زۆرۈر. مۇساباي (مۇسا ھاجى) نىڭ ئاتىسى
ئابدۇرۇسۇل ئوز زامانىسىدا قەشقەردىكى خانلىق مەدرىستە ئىلىم تەھسىل قىلغان
ۋە ئانا مەكتىپىگە ئىزچىل ماددىي ياردەم قىلىپ، جامائەتچىلىكنىڭ ھورمىتىگە
سازاۋەر بولغان. ئوغلى مۇسابايمۇ شۇ مەدرىسنى تۇگەتكەن ۋە 19 - ئەسىرنىڭ
ئوتتۇرىلىرىدا زور مىقداردا ئىنايەت كورسىتىپ خانلىق مەدرىسنى بىر قېتىم
چوڭ رەمونت قىلدۇرغان. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلىۋاتقان ئۇنىڭ مۇھىم بىر
ۋەسىقىسىدە: "بايلىقنىڭ بىر قىسمىنى ۋە ئوشرە - زاكاتىنى مەكتەپ ۋە
مەدرىسكە تەسەررۇپ قىلىش زۆرۈر" لۇكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە
ۋارىسلىق قىلغان مەرىپەتپەرۋەر ئوغۇللىرى - ھۇسەن باي (1844 - 1926 -
يىللار) ۋە باۋۇدۇن باي (1851 - 1928 - يىللار) ئاتىسى موسا ھاجىمنىڭ
ۋەسىيىتى بويىچە مەكتەپ مائارىپىغا توھپە قوشۇشتا تەھىمۇ زور پىداكارلىق
كۆرسەتكەن. ئەينى زاماندا تارىم ۋادىسىنى جاھالەتنىڭ قاپقارا پەردىسى
قاپلاپ تۇرغان، شۇنداقلا ئەڭ جاھىل ۋە مۇتەئەسسىپ كۇچلەر ھۆكۈم سۇرۇۋاتقان
شارائىتتا ھەمدە ئاچكوز، نادان بايلار خەلقنىڭ يىلىكىنى رەھىمسىز شوراپ،
ئۆزىنىلا سەمرىتىشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان شارائىتتا بۇنداق پىداكارلىق
كورسىتىش ئاسان ئەمەس، ئەلۋەتتە. بىز تارىخقا لىللا باھا بەرىدىغانلا
بولساق، ئەينى زاماندىكى ھۇسەيىن باي ۋە باۋۇدۇن باي ئاكا - ئۇكىلارنىڭ
قەلبىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك، مەرىپەتپەرۋەرلىك ۋىجدان ئوتىنىڭ نەقەدەر
يالقۇنجىغانلىقىنى كورۇۋالالايمىز. ئىنسانىيەت تارىخىدا - "مائارىپ
مەڭگۇلۇك كاتەگورىيە". شۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، مائارىپ ئىنتايىن ئۇزۇن
تارىخقا ئىگە. بىراق ئۇ، "ئەنئەنىۋى مائارىپ" ۋە "يېڭىچە مائارىپ" تىن
ئىبارەت چوڭ ئىككى كاتەگورىيىگە بولۇنىدۇ. يېڭى مائارىپ ("ئۇسۇلى جەدىت")
نى تۇنجى قېتىم جارى قىلدۇرغان پەداگوگ - مەشھۇر چەھىسلوۋاك ئوقۇتقۇچىسى
يان. ئامۇس. كومىنسكىي (1592 - 1670 - يىللار) بولدى. ئۇ قۇرداش
ئوسمۇرلەرنى كلاس (سىنىپ) بويىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يۇرگۇزۇپ، چوڭ
مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇ سىنىپلار ئايرىمىسى بويىچە دەرس پروگراممىسى
بار، دەرس سەتكىسى بار، ئىمتىھان تۈزۈمى بار، تەربىيە نىشانىسى بار بىر
يۇرۇش يېڭىچە ئۇسۇلنى قانات يايدۇرغانىدى. مۇشۇ تەلەپ بويىچە قۇرداش
ئوسمۇرلەر ئەتراپى باغۋارانلىق، ئازادە سەلىنغان، كەڭ دەرىزىلىك، ئىچى كەڭ
ۋە يورۇق، ئۇستەل، پارتىلىرى تەل سىنىپلاردا ئولتۇرۇپ ھەر خىل بىلىم -
پەنلەردىن ساۋاق ئالاتتى. چەت ئەللەرنىڭ يېڭى مائارىپىدىن تەسىرلەنگەن
باۋۇدۇن باي ئاكىسىنى يېڭى مائارىپنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشقا
كوندۇردى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار شەخسىي دارامىتىدىن ئىقتىساد ئاجرىتىپ،
ئىكساقتا يېڭىچە مەكتەپ بىناسىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا تۇنجى
يېڭى مەكتەپكە ئاساس سالدى. بۇ مەكتەپ 1885 - يىلى كۇزدە رەسمىي ئوقۇش
باشلىدى. ئىكساقتا يولغا قويۇلغان بۇ تۇنجى يېڭى مەكتەپ كېيىنرەك
"ھۇسەينىيە مەكتىپى(1)" دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى سەھىپىسىدىن
ئورۇن ئالدى. بۇ مەكتەپ دەسلەپ ئۇچ سىنىپتىن تەشكىل قىلىندى. سىنىپلىرى كەڭ
دەرىزىلىك، دوسكا، پارتا قاتارلىق سىنىپ جاھازىلىرى مۇكەممەل، سىنىپلارنىڭ
ئىچى - تېشى ئاقارتىلغان. ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئىشخانا، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن
ياتاق، ھاممام (تاش مۇنچا) بىنا قىلىنغان، مەكتەپ ئەتراپى
ئورمانلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئىسمىغا لايىق يېڭى مەكتەپلىك قىياپىتى نامايان
بولۇپ تۇراتتى. كېيىنچە يىراق يېزىلاردىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار
قونۇپ ئوقۇيدىغان بولدى. قونۇپ ئوقۇيدىغان بالىلار "لەيلى"، كېلىپ - كېتىپ
ئوقۇيدىغانلار بولسا "ناھارى" دەپ ئاتىلاتتى. دەسلەپكى مەزگىلدە بۇ يېڭى
مەكتەپ دۇچ كەلگەن جىددىي قىيىنچىلىق - مۇئەللىم مەسىلىسى ئىدى. بۇ
مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى مەكتەپنىڭ ئاساسچىلىرى بولغان ئاكا - ئۇكا
مۇسابايلار چەتكە ئوقۇغۇچى چىقىرىپ تەربىيلەشنى مەردانىلىق بىلەن قارار
قىلدى. مۇشۇ قارار بويىچە تۇنجى قېتىم قازان دارىلمۇئەللىمىنىدە ئىككى يىل
تەلىم ئېلىپ قايتىپ كەلگەن ئوقۇتقۇچى كەرىماھۇن بولدى. كېيىن ئۇ بۇ
مەكتەپكە مۇدىر بولدى ۋە ئۇنىڭ يەتەكچىلىكىدە "بەش كىشىلىك مۇدىرىيەت
ھەيئىتى" قۇرۇلدى. ئۇنىڭ تەركىبىگە باۋۇدۇن باينىڭ ئۆزى ھەم كەرىماھۇن،
ھەسامىدىن ھاجىم قاتارلىق موتىۋەرلەر كىرگۇزۇلگەنىدى. بۇنىڭ سىرتىدا توققۇز
كىشىدىن تەركىب تاپقان "ئاتا - ئانىلار ھەيئىتى" مۇ قۇرۇلغانىدى. بۇ ئىككى
ھەيئەت ئايدا ئىككى قېتىم كەڭەش ئەچىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ھەم ئىقتىسادىي
ھىراجىتى قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلاتتى. كەرىماھۇن مۇدىر
بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە، رەسمىي دەرس بەرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بەش نەپەر
بولۇپ، ئۇلار: كەرىماھۇن (مۇدىر)، چوڭ غوجىكام، سۇلتان مەھمۇت، ئىدىرىس
ھاجى، رائىلە بۇۋى موللاچام قاتارلىقلار ئىدى. بۇ چاغدا مەكتەپ بويىچە 105
نەپەر ئوسمۇر بولۇپ، ئۇنىڭدىن 25 نەپىرى قىز ئوقۇغۇچى ئىدى. ئوقۇلىدىغان
دەرسلەرنىڭ تۇرى: ھېساب، تىل، ئىملا، ئوقۇش دەرسى (ئەدەبىيات)، ئەرەب، پارس
تىلى، جۇغراپىيە - تارىخ، ئىلمىي ھال، ئىلمىي تەجۋىد، تەنتەربىيە قاتارلىق
دەرسلەردىن ئىبارەت ئىدى. ھەپتىلىك دەرس جەدىۋىلى بويىچە بىر كۇندە تۆت
سائەتلىك دەرس ئوتۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ھەپتىدە بىر قېتىم مەكتەپ
مۇدىرى پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق دەرسى لەكسىيىسى بېرىپ تۇرۇش مۇنتىزىم
تۈزۈمگە ئايلاندى. شۇنىڭدەك شۇ چاغدىكى تۈزۈم بويىچە ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن
كۇندىلىك مەشغۇلات ۋاقتى ئالتە سائەت، ئوقۇغۇچىلارغا بەش سائەت قىلىپ
بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا ھەر كۇنى بىر ئوقۇتقۇچى نوۋەت بىلەن دىجورنى
بولۇش، ھەر بىر سىنىپقا سىنىپ مەسئۇلى بولۇش تۈزۈمىمۇ يولغا قويۇلغان.
دىجورنى مۇئەللىملەر خاتىرە تۇتۇپ، ھەر كۇننىڭ ئاخىرقى سائىتىدە مەكتەپكە
دوكلات قىلىپ ياخشى - يامان ئەھۋاللار ئۇستىدە ئۇچۇر بېرەتتى. بۇ يېڭى
مەكتەپنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدىن باشلاپلا ئىمتىھان تۈزۈمى يولغا قويۇلدى،
ئىمتىھان نەتىجىلىرى تۆت دەرىجىگە ئايرىلاتتى. مەسىلەن: ئەلىيۇلئەلا (1 -
دەرىجىلىكلەر)، ئەلا (ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەلا بولغانلار)، ئەۋسات (ئوتتۇرا
دەرىجىلىكلەر)، ئەدنا (ئوتەلمەي قالغانلار). ئوقۇش پۇتتۇرۇش مۇراسىملىرى
پۈتۈن كەنت ئاھالىلىرى قاتناشقان ھالدا قىزغىن ۋە داغدۇغىلىق ھالدا
ئوتكۇزۇلەتتى. ئوقۇش پۇتتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ مارشلىرىنى
جاراڭلىتىپ كورەك قىلاتتى. ئوقۇش تۇگەتكەن ئوقۇغۇچىلار تۆت دەرىجە مۇكاپات
بىلەن تەغدىرلىنەتتى. مەسىلەن: 1 - دەرىجىلىكلىرىگە "تەھسىننامە"، 2 -
دەرىجىلىكلىرىگە "ئاپىرىننامە"، 3 - دەرىجىلىكلىرىگە "تەقدىرنامە"، 4 -
دەرىجىلىكلىرىگە "شاھادەتنامە" تارقىتىلىپ بېرىلەتتى. ئوقۇتقۇچىلار جامائەت
ئىچىدە بەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، ئەر ئوقۇتقۇچىلار "ئەپەندىم"، ئايال
ئوقۇتقۇچىلار "موللاچام" دەپ ئاتىلاتتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنىڭ
يۇقىرى بولغانلىقى ئاشۇ ھۆرمەتنى كۇچەيتىپ باراتتى. مەسىلەن: 1 -
دەرىجىلىكلەرگە 400 چارەك، 2 - دەرىجىلىكلىرىگە 300 چارەك، 3 -
دەرىجىلىكلىرىگە 200 چارەك ئاشلىق مائاش (يىللىق) بېرىلەتتى. بۇ مائاش
تەمىناتىنىڭ بىر قىسمىنى ئاكا - ئۇكا مۇسابايلارنىڭ ئىقتىسادىدىن، قالغان
قىسمى ئوشرە - زاكات كىرىمىدىن چىقىرىلاتتى. بۇنىڭ سىرتىدا، كەمبەغەل ۋە
يەتىم ئوسمۇرلەر ئۈچۈن "خانەندىلىك" (ئوقۇش ياردەم پۇلى) تۈزۈمى يولغا
قويۇلغانىدى. ئۇلارنى كىيىم - كەچەك بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، تاماق
راشوتى ئۈچۈن 1 - دەرىجىلىكلىرىگە 15 چارەك، 2 - دەرىجىلىكلىرىگە 12 چارەك،
3 - دەرىجىلىكلىرىگە سەككىز چارەك ئاشلىق تەمىنات بېرىلەتتى. مەكتەپتە
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كېلىپ خاتىرجەم ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن
جامائەتنىڭ چارۋىلىرىنى توپلاپ باقىدىغان مەخسۇس "پادىچى"
ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. 1888 - يىلى يېڭى مەكتەپنىڭ تۇنجى مۇدىرى كەرىماھۇن
ئەپەندى ۋاپات بولۇپ كەتىدۇ. بۇ ئەمدىلا بەھ ئۇرۇپ مۇستەھكەملىنىشكە قەدەم
تاشلىغان ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئۈچۈن بىر يوقىتىش بولىدۇ. بۇ بوشلۇقنى تەز
تولدۇرمىغاندا، يېڭى مەكتەپ بوشۇكىدىلا تۇنجۇقۇپ كەتىش ھەۋىپىنى جىددىي ھەس
قىلغان باۋۇدۇن باي چەت ئەلگە يەنە ئوقۇتقۇچى چىقىرىشقا ئالدىرىدى. بىر -
ئىككى يىل پۇھتا تاللاش ۋە ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق 1902 - يىلى
بىر تۈركۇمدىلا سەككىز نەپەر ئىقتىدارلىق ياشنى تۈركىيىگە ئوقۇشقا ئەۋەتتى.
ئۇلارنىڭ تەركىبىدە تۇرسۇن ئەپەندى، ھەسەن ئەپەندى، مەسئۇت سەبىرى، جىرجىس
ھاجىم (بۇ ئىككىيلەن ئىلىدىن تاللانغان) ۋە قادىر ئەپەندى قاتارلىقلار بار
ئىدى. بۇنىڭ سىرتىدا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىدىل تەرەپلەرگىمۇ بىر قىسىم
ياشلارنى ئەۋەتىش تەييارلىقى كۆرۈلدى. چەت ئەلگە چىقىرىلغان ياشلار ئوقۇش
تۈگىتىپ كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، باۋۇدۇن باي
1 - تۈركۈمدە تۈركىيىدىن ئابابەكرى قاتارلىق زىيالىلارنى مۇئەللىملىككە
تەكلىپ قىلىپ ئالدۇردى. ئابابەكرى ئەپەندى ئىكساقتىكى يېڭى مەكتەپنى 1890 -
يىلىدىن 1896 - يىلىغىچە باشقۇردى. ۋەتەنپەرۋەر مەرىپەتچى ھۇسەيىن ھاجى،
باۋۇدۇن باي ئاكا - ئۇكىلار مۇشۇ چاغدا يېڭى مەكتەپنىڭ دائىرىسىنى كەڭەيتىش
ئارقىلىق سىنىپ سانى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش پىلانلىرىنى
كوڭلۇللىرىگە پۇكۇپ قويۇشقانىدى. بۇ ئۇلارنىڭ چەت ئەللەرگە كۆپلەپ ئوقۇغۇچى
چىقىرىشتىكى مۇددىئاسىدىنمۇ ئوچۇق مەلۇم بولۇپ تۇراتتى. 1895 - يىلى
مۇساباي ھاجى ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىدىمۇ ئوغۇللىرىغا: "ھەزرىتى ھەبىب ئەجەم"
مازىرىنى ياساپ چىقىشنى ۋە يەنىغا كەڭەيتىپ ئازادە مەكتەپ بىنا قىلىشنى
ۋەسىيەت قىلىدۇ. مۇشۇ ۋەسىيەت بويىچە "ھەزرىتى ھەبىب ئەجەم" مازىرى بىلەن
ئۇنىڭ يەنىغا كەڭەيتىپ سەلىنىدىغان "ھۇسەينىيە مەكتىپى" نىڭ چوڭ قۇرۇلۇشى
1896 - يىلى رەسمىي باشلاندى. 1898 - يىلى ئىككى يىلغا يەتەر - يەتمەي
گۇمبەز مۇنارى ئاسمانغا بوي تارتقان كوركەم مازار بىلەن ئازادە سەلىنغان
يېڭى مەكتەپ بىناسى ئىكساقتا قەد كوتۇردى. زامانىسىدا ئاتاقلىق بىناكارلىق
ماھىرى دەپ تونۇلغان قەشقەرلىك مەشۇق ھاجى لايىھلەپ ياساپ چىققان بۇ كاتتا
ۋە كوركەم بىنانىڭ گۇمبىزى ھازىرمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. بولۇپمۇ يانداش
سەلىنغان كىشىلەرنىڭ زوقىنى قوزغايدىغان كارىدورلۇق سەككىز سىنىپلىق
ئوقۇتۇش بىناسىنى ئوز ئىچىگە ئالغان كەڭ مەكتەپ قۇرۇلۇشى بارلىق
مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ئىپتىھارىنى قوزغايدۇ. بۇ مەكتەپتە سىنىپتىن
باشقا يەنە 12 ئەغىزلىق ئوقۇغۇچىلار ياتىقى (ھۇجرا)، ھۇجرىلارنىڭ شىمالىدا
قويۇق بوستانلىق، نەقىشلەنگەن پەشايۋانلىق مەسچىت، بىنا ئوتتۇرىسىدا
رىشاتكىلىق زال، ئىككى ئەغىزلىق ئاشخانا، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس
مۇلازىمەت دۇكان ئۆيى، شەرقىي شىمال تەرىپىدە بەش مو دائىرىدە مەۋىلىك چوڭ
ياغ، باغنىڭ شەرقىدە يەنە شۇ چوڭلۇقتا تەنتەربىيە مەيدانى، بەش - ئالتە مو
كەڭلىكتە تەرەكلىك، پەشتاق، تاش پارلىق مۇنچا (ھاممام)، مەكتەپنىڭ ئىچىگە
سوزۇلغان 200 مەتر ئۇزۇنلۇقتىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئەرىق، ئەرىق بويلاپ
ئوستۇرۇلگەن تۆت قاتار تەرەك بوستان، ئىسكىلات، موتىۋەللى ئامبىرى،
مەكتەپنىڭ دەل ئوتتۇرا قىسمىدا تىياتىر زالى، غەربىي جەنۇپتا ئەتراپى تال،
ئالما، ئۇجمە بىلەن قاپلانغان چوڭ كول، بىر چەتتە كاھىش پىشىرىدىغان چوڭ
ھۇمدان، ھۇمدان ئامبىرى، ئىككى جايدا تەرەتخانا... قاتارلىقلار پىلانلىق
جايلاشتۇرۇلغان. سەككىز سىنىپلىق چوڭ مەكتەپ پۇتۇپ بولغاندىن كېيىن يەنىلا
مۇئەللىم مەسىلىسى ئاساسىي زىددىيەت بولۇپ كۇنتەرتىپكە قويۇلدى. چەت
ئەللەرگە ئوقۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلەر تەھى يەتىپ كەلەلمەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن
باۋۇدۇن، مۇساباي تۈركىيىدىن ئەھمەت كامال قاتارلىق يەتتە نەپەر
ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ ئالدۇرۇپ كەلدى. ئەھمەت كامال ئاتۇشقا يەتىپ
كېلىپ ئۇزۇن ئوتمەي، مۇئەللىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئاساسىي ۋەزىپە
قىلىپ، 1907 - يىلى "ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن" مەكتىپىنى قۇرۇپ چىقتى.
مەكتەپ مۇدىرلىقىنى ئەھمەت كامال ئۆزى ئۇستىگە ئالدى. ئۇنىڭ بۇ مۇدىرلىق
ۋەزىپىسى "ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىھات مۇدىرى" دېگەن ئۇنۋان بىلەن
ئاتىلاتتى. مەكتەپكە ئۇستۇن ئاتۇشتىكى يەتتە كەنتتىن، قەشقەر ۋە خوتەندىن
بولۇپ دەسلەپكى قەدەمدە 40 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. خېلىم ئەپەندى، سوپى
ئەپەندى، تۇردى ئەپەندى، ئابلىز ئەپەندى، ھاجى ئەپەندى، شەمسىدىن ئەپەندى،
ئابدۇرەھىم شەۋكەت ئەپەندى، ماھىرا ھەلپەت قاتارلىقلار "ھەبىب زادى
دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى" نىڭ ئاتاقلىق ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. ئوقۇلىدىغان
دەرسلەرنىڭ تۇرى: شىپاھىيە، ئىملا، ھوسنخەت، ئەدەبىيات، ھەندىسە
(ئالگەبرا)، پارائىز، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمىي ھال، تەنتەربىيە، غەزەل...
قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. مەكتەپتە بىر يۇرۇش مەشغۇلىيەت تۈزۈمىمۇ
ئورنىتىلغانىدى. دەرستىن سىرتقى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىمۇ جانلىنىپ
كەتكەنىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەپتەر - قەلەملىرى، كىيىم - كەچەكلىرى ۋە
تامىقى ھەقسىز بېرىلەتتى. مەكتەپ شىتاتىدا ئوقۇتقۇچىلاردىن باشقا يەنە
ئىككى ئاشپەز، ئىككى جارۇپكەش (قارا خىزمەتچى) بار ئىدى. ئوقۇغۇچىلار ھەر
ھەپتىدە ئىككى قېتىم مۇنچىدا يۇيۇندۇرۇلاتتى. "ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن
مەكتىپى" نىڭ تۇنجى قارارى 1909 - يىلى داغدۇغىلىق ئوقۇش پۇتتۇرۇش مۇراسىمى
ئوتكۇزدى ۋە 40 نەپەر ئوقۇغۇچى جايلارغا ئوقۇتقۇچى قىلىپ ماڭغۇزۇلدى.
گۇچۇڭغا شاۋدۇن قارى، قۇتۇپىغا ساۋۇت ئەپەندى، كۇچاغا روزى ئەپەندى،
خوتەنگە ماھىرا ھەلپەت، توققۇزاققا ئابدۇللا روزى، قاغىلىققا ئابلىز
ئەپەندى، قەشقەرگە ئابدۇرەھىم شەۋكەت ئەپەندى ئەۋەتىلدى. ئاتۇشنىڭ ئۆزىدە
قالغانلاردىن پەيساققا كەنجى ئەپەندى، ئۇچاغا تۇردى ئەپەندى ۋە مەممەت
مامتاجىلار؛ قايراققا خېلىم ئەپەندى بىلەن سوپى ئەپەندى، تاقۇتقا ئىمىن
ئەپەندى، ئىكساكقا ھاجى ئەپەندى بىلەن ئەزىز ئەپەندى تەقسىزم قىلىندى.
ئۇلار يېڭى مائارىپ ئۇرۇقلىرىنى پۈتۈن تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىسىغىچە چەچىپ،
ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ كېيىنكى راۋاجى ئۈچۈن ئۆچمەس توھپىلەرنى قوشتى.
دېمەك، مىلادىنىڭ 1910 - يىللىرىنىڭ ئالدى - كەينىدە يالغۇز ئىكساقتىلا
سەككىز سىنىپلىق بىر چوڭ باشلانغۇچ مەكتەپ، بىر دارىلمۇئەللىمىن (ئوتتۇرا
تەھنىكوم) مەرىپەت مەشئىلى بولۇپ چاچقانىدى. 1910 - يىلىدىن باشلاپ
"ھۇسەينىيە مەكتىپى" گە تۈركىيىدىن ئوقۇشنى تۇگىتىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن
تۇرسۇن ئەپەندى (1886 - 1937 - يىللار) مۇدىر بولۇپ بەلگىلەندى. تۇرسۇن
ئەپەندى بۇ مەكتەپتە تاكى 1933 - يىلغىچە جەمئىي 23 يىل مەكتەپ مۇدىرى
بولۇپ ئىشلىدى. كېيىن مائارىپ ھىزمىتىنىڭ ئەھتىياجى بىلەن قەشقەرگە
يوتكىلىپ، 1934 - يىلىدىن 1937 - يىلى تۇرمىگە ئەلىنغۇچە قەشقەر
دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى. كېيىن تۇرمىدە قۇربان بولدى.
تۇرسۇن ئەپەندى ھاتەم ئوغلى 1886 - يىلى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ ئىكساق كەنتىدە
بىر دەھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇ بىر مەزگىل دىنىي مەكتەپتە ئوقۇدى.
1894 - يىلى يېڭى مەكتەپ ("ھۇسەينىيە مەكتىپى") گە كىرىپ ئوقۇدى. 1902 -
يىلى باۋۇدۇن باي تەرىپىدىن تۇرسۇن ئەپەندى، كامىل ئەپەندى، ھەسەن ئەپەندى
قاتارلىق سەككىز نەپەر ياش بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيىگە ئەۋەتىلدى.
تۇرسۇن ئەپەندى 1902 - يىلدىن 1905 - يىلىغىچە ئاۋۋال ئىستانبۇلدىكى قىسقا
مۇددەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە، كېيىن 1905 - يىلىدىن 1910 - يىلىغىچە
"سۇلتانەم" ناملىق يۇقىرى دەرىجىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇپ، بۇ مەكتەپنى
ئەلىيۇلئەلا (ھەممە پەنلەرنى ئەلا) دەرىجىدە تۈگەتتى. ئۇ بۇ مەكتەپلەردە
ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە تىللارنىمۇ پىششىق ئۆگەندى. شۇ يىلى ۋەتەنگە قايتىپ
كېلىپ ئۇزۇن يىللارغىچە ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن قان - تەر ئاققۇزۇپ ئىشلىدى.
نەچچە مىڭلىغان ياش ئەۋلادلارنىڭ قەلبىنى مەرىپەت چىرىغى بىلەن يورۇتتى.
مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتىدە بىر يۇرۇش پېداگوگىكىلىق پرىنسىپلارنى، مەكتەپ
نىزامنامىسى، ئوقۇتۇش پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى ئەمەلىي ئىجرا
قىلدى. مۇشۇ ئارقىلىق "ھۇسەينىيە مەكتىپى" نىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى يۇقىرى
كوتۇرۇلدى. خەلقنىڭ مۇئەللىملەرگە بولغان ھورمىتىمۇ ئاشتى. تۇرسۇن
ئەپەندىنىڭ يەنە بىر مۇھىم توھپىسى بۇ مەكتەپتە يېڭى زامان تەنتەربىيە
پائالىيىتىنى پائال راۋاجلاندۇرغانلىقى بولدى. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە بۇ
مەكتەپتە پۇتبول، بالقان، تامپاس، بىلۇ، يەنىك ئاتلىتكا، كالتەك، تاش كەتتى
- تاش كەلدى، ئەسىر ئېلىش، ياغلىق تاشلاش، ئىلەڭگۇچ، چىغرىق، تاغقا چىقىش،
نەيزە تاشلاش، چويۇن تەھسە ئەتىش، قارىغا ئېلىش، دالا يۇرۇشى قاتارلىق
خىلمۇ خىل تەنھەرىكەتلەر راۋاجلاندۇرۇلدى. تۇرسۇن ئەپەندى ئۇيغۇر يېڭى
مائارىپ تارىخىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن تەنتەربىيىنى بىرلەشتۇرۇشنىڭ ئەڭ
تۇنجى بايراقدارى بولۇشقا مۇناسىپ، مەسىلەن: "ھۇسەينىيە مەكتىپى" دە
تەشكىللەنگەن پۇتبول كوماندىلىرى مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىش چەغىدا تۇرسۇن
ئەپەندى ئوگەتكەن توۋەندىكى ناھشىنى ياڭرىتاتتى: جانىمسەن، شانىمسەن، تۇمەن
يىللار سەن ياشا؛ ئەي مۇبارەك ۋەتىنىم، مىڭ ياشا، مىڭ - مىڭ ياشا. مۇسابىقە
ئاخىرلىشىپ مەيداندىن چىقىدىغان چاغدا بولسا، توۋەندىكى ناخشىنى جاراڭلىتىپ
ئېيتاتتى: ئارقاداشلار توپلىنايلى، جەھلىن ئۆيىن بۇزغىلى، ئەل كۆزىدىن
ياپقان قاراڭغۇ پەردىلەرنى يىرتقىلى؛ ئىنقىرازدىن خەلقىمىزنى قۇتقۇزار
بىلىم ئىرۇر، بىزلەرمۇ بۇگۇن ھەم دەل بىلىم ئۆزى قۇتقۇزۇر. مۇشۇنداق
ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىنىڭ روھى بىلەن قوراللانغان يېڭى مەكتەپ كوماندىسى
1927 - يىل مايدا قەشقەر سەمەن رايونىدا ئوتكۇزۇلگەن خەلقئارا پۇتبول
مۇسابىقىسىدە ئەنگلىيە ۋە شۋەتسىيە ئەللىرىنىڭ سىپارەتھا كوماندىلىرىنى
ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇتلەق ئۇستۇنلۇك بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، چەت
ئەللىكلەرنى تاڭ قالدۇردى. مۇتەئەسسىپلەرگە يېڭى مائارىپنىڭ كۇچ -
قۇدرىتىنى كۆرسەتتى. پۈتۈن تارىم ۋادىسى تەنتەنىگە چومدى. تۇرسۇن
ئەپەندىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاتۇشتا ئومۇملاشقان پۇتبول تەنتەربىيە
ھەرىكىتىنىڭ ئاممىۋى ئاساسى دەل "نورۇز بايرىمى" نىڭ تارىخىي ئەنئەنىسى
دېسەك مۇبالىغە بولمايدۇ. دېمەك، ئاق تەرە تۇماق (ئىچىگە كونا پاھتا تىقىپ
دۇگىلەك قىلىنغان توپ) تەپىپ چەنىققان ئاتۇش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ قەشقەر
سەمەن رايونىدا ئوتكۇزۇلگەن بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسىدە غەلىبە
قىلغانلىقى بۇ تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىدە ئۇزاق ئەنئەنىگە ئىگە
بولۇپ، يېڭى مائارىپنىڭ جانلىنىشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى
كورسىتىدۇ. 1927 - يىل ماي ئەيىدىكى بۇ پۇتبول مۇسابىقىسى سەمەندىكى
ئابدۇشۇكۇر ھاجىنىڭ بەدىلىكىدە ئوتكۇزۇلدى. رەسمىي مۇسابىقىغە چۇشۇشتىن
بۇرۇن، ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى كورەڭلىگەن ھالدا تۇرسۇن
ئەپەندىگە شەرت قويۇپ: - ئەگەر سىلەر ئۇتساڭلار، كۇمۇش ئىگەر - جابدۇلۇق
ئارغىماق تارتۇق قىلىمىز، بىز ئۇتۇۋالساق قانداق قىلىسىلەر؟... - بىز ئىككى
قاتلاپ بەرىمىز، - دەپ جاۋاب قايتۇردى. پۇتبول مەيدانى قىلىنغان بەدىلىكنىڭ
ئىگىسى ئابدۇشۇكۇر ھاجىم ناملىق مويسىپىت زات يۇگۇرۇپ كەلگەن پەتى تۇرسۇن
ئەپەندىنىڭ ئىككى قولىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا: -
ئەزىمەت باللىرىم، غەيرەت قىلىپ ئۇتۇڭلار، يەرنىڭ ئىجارىسىنى ئالمايمەن،
بىر بورداق قويۇم بار، سويۇپ سىلەرنى مەھمان قىلىمەن، - دەپ ئاتۇش
كوماندىسىغا مەدەت بەردى. كوماندا ئەزالىرى تولۇپ تاشقان جاسارەت بىلەن
مۇسابىقىغە چۇشتى. ئىككى - ئۇچ سائەت سوزۇلغان جىددىي ئېلىشىشلاردىن كېيىن
ئاتۇش كوماندىسى ئەنگلىزلەرنى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن، شىۋەتلەرنى
نولگە قارشى يەتتە نەتىجە بىلەن يېڭىپ چىقتى. پۈتۈن مەيدان قىقاس ۋە
گۇلدۇراس ئالقىش سادالىرىغا چومدى. مانا بۇ ئىكساق يېڭى مائارىپىنىڭ
تەنتەربىيە جەھەتتىكى چوڭ غەلىبىسى ئىدى. لېكىن، بۇ يېڭى مائارىپچىلىق
ھەرىكىتىگە بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ كۇچلەر جان - جەھلى بىلەن قارشى ئىدى.
شۇڭا ئۇلار يېڭى مائارىپنى ھۆكۈمەتكە چاقاتتى. ھەتتا باۋۇدۇن مۇسابايغا
"قوزغىلاڭ قىلماقچى" دېگەن بوھتاننى چاپلاپ، ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلدى. ئۇلار
مۇنداق بىر ئىشنى باھانە قىلغانىدى: ... بىر كۇنى "ھەبىب زادە
دارىلمۇئەللىمىن" مۇدىرى ئەھمەت كامال ئوز ئوقۇغۇچىلىرىنى سەيلە قىلدۇرغاچ
چومۇلدۇرۇپ كەلىش ئۈچۈن تۇمەن دەرياسى بويىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئوقۇغۇچىلار
دەريا ۋادىسىدا قوللىرىغا كالتەك تۇتقان ھالدا مارش توۋلاپ، مەشكە دەسسەپ
چەنىقىش يۇرگۇزىدۇ. بۇ مەشغۇلاتنى كورگەن بىرنەچچە پايلاقچىلار ئۇدۇل
شاپاشلاپ بېرىپ دوتەيگە چاقىدۇ. چاڭ دوتەي ئەھۋالنى ئۇرۇمچىگە مەلۇم
قىلىدۇ. كېيىن باۋۇدۇن مۇساباينى دوتەي مەھكىمىسىگە چاقىرىتىپ كېلىپ سوراق
قىلىدۇ: - سەن نەمىشقا مەكتەپ ئاچتىڭ؟ مەكتەپتە نەمە قىلىپ يۇرىسەن؟
باۋۇدۇن مۇساباي ئۇنىڭغا جاۋابەن: - قۇرئاندا "ئىقرە" دېگەن سۇرە بار،
مەنىسى "ئوقۇڭلار" دېگەن بولىدۇ. ئوقۇغان، قازىنى ئاقارتقان گۇناھ
بولمايدۇ. ئۇنىڭ جانابىڭىزغا ھېچقانداق دەھلىسى يوق، - دەيدۇ. چاڭ دوتەي بۇ
ھەققانىي جاۋابتىن بىرئاز تەمتىرەپ: - ئۇنداقتا سەن دۆلەت تىلىنى
ئوقۇتامسەن؟ - دەپ سورايدۇ. - بىلىم ئۆگىنىش بىز ئۈچۈن پەرز ۋە قەرز.
روسۇلىللا "بىلىم چىندە بولسىمۇ ئوگىنىڭلار" دېگەن، - دەپ جاۋاب بېرىدۇ، -
باۋۇدۇن مۇساباي. - ئۇنداق بولسا، - دەيدۇ دوتەي، - مەن ساڭا ئىككى سۆز
قىلىمەن: بىرىنچى، مەن ساڭا دۆلەت تىلى (2) ئوقۇتىدىغان بىر مۇئەللىم
بېرىمەن؛ ئىككىنچى، سەن تۈركىيىدىن كەلگەن ئەپەندىلەرنى ھەيدىۋەتىسەن
باۋۇدۇن مۇساباي دۆلەت سىستەمىسىدا ئىككى شوتاڭ (مەكتەپ) ئېچىشقا ۋە ئەھمەت
كامال قاتارلىق تۈركىيىلىك مۇئەللىملەرنى كەتكۈزۈۋېتىشكە ماقۇل بولىدۇ.
شوتاڭ مەكتەپنىڭ بىرى قەشقەر ياۋاغ دۇمباخانىدا "دى يى شوتاڭ"(3)، ئىكساقتا
"دى ئەر شوتاڭ" (4) دېگەن ۋىۋىسكا ئەسىپ رەسمىي ئوقۇش باشلايدۇ. چاڭ دوتەي
ئوز ئوغلىنى ئىكساققا مۇئەللىم قىلىپ ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ياۋاغ ۋە
ئىكساقتا چاڭ لاۋشى، چىڭ لاۋشى، ما لاۋشى، شۇ لاۋشى ۋە توھتىلار دۆلەت تىلى
ئوقۇتىلىدىغان بىر سىنىپلىق شوتاڭغا ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. لېكىن، ئىكساقتا
ياندۇرۇلغان مەرىپەت شامىنى جاھالەت كۇچلىرى ئۆچۇرۇۋەتەلمىدى. "ھۇسەينىيە
مەكتىپى" دىن كېيىن ئاستىن ئاتۇشتىن مەرىپەتپەرۋەر تاش ئاھۇنۇم ئەزىزى 1894
- يىلى ۋاقۋاق كەنتىدە بىر سىنىپلىق يېڭى مەكتەپ تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭغا
موللا مەمەت ھەلپىتىم بىلەن بىر تاتار مۇئەللىمنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ
قىلدى. بۇ مەكتەپنىڭ نامى "تاش ئاھۇنۇم مەكتىپى" دەپ ئاتالدى. بۇ
مەكتەپكىمۇ ھەرقايسى يۇرتلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. 1910 - يىلى
ئاستىن ئاتۇش تىجەنلىك تەرەققىيپەرۋەر زات قۇربان ھاجىم ئاق مەيدانغا بىر
سىنىپلىق يېڭى مەكتەپ سالدۇرۇپ، ئەھمەت كامالنى بۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا
تەكلىپ قىلدى. ئەھمەت كامال بۇ مەكتەپكە ھەرقايسى يۇرتلاردىن تاللاپ 40
نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى. لېكىن "ئاق مەيدان مەكتىپى" بىر يىلچە داۋام
قىلىپ، قارا كۇچلەر تەرىپىدىن تارقىتىۋەتىلگەن بولسىمۇ، مەكتەپنىڭ مەنىۋى
تەسىرى ئامما ئىچىدە چوڭقۇر ۋە ئۇزۇنغىچە ساقلاندى. ئەھمەت كامال كېيىن
قەشقەر "جانان كوچا مەكتىپى" ۋە ئوپال، تاشمىلىق مەكتەپلىرىدىمۇ
ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 1920 - يىلى ئاستىن ئاتۇش تىجەنلىك ئەھمەت ھاجىم
ئۇرۇمچى شىھابادا ئۇچ سىنىپلىق يېڭى مەكتەپ تەسىس قىلدى. بۇ زات 1925 -
يىلى ئاتۇشقا قايتىپ كېلىپ تىجەندە بىر يېڭى مەكتەپ ئاچتى. بۇ مەكتەپ
"ئەھمەدىيە" دەپ ئاتالدى. 1930 - يىلى جىڭ شۇرىن ئامباللىرىنىڭ كۆرسەتمىسى
بىلەن "ئەھمەدىيە" يەنىدا بىر سىنىپلىق "ھەنيۇ شوتاڭ" (خەنزۇچە مەكتەپ)
تەسىس قىلىنىپ، ۋىي فامىلىلىك ئادەم مۇئەللىم بولدى، ئۇنى كىشىلەر ۋىي
لاۋشى دەپ ئاتايتتى. بىراق ئىكساقنىڭ مەرىپەت روھى ئاتۇش دائىرىسىدىن
ئاللىقاچان ئوتۇپ كەتكەنىدى. 1930 - يىللارنىڭ بەشىدا قەشقەردىكى
ئابدۇكەرىمخان مەھسۇمنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىكساقتىن پەھرىدىن ھەلپىتىم 50
نەپەر ياشنى باشلاپ قەشقەر شەھەر ئىچىگە كىرىپ مەرىپەتكە دالالەت ۋە
تەرغىبات دولقۇنىنى قوزغىدى. بۇ يەردە 1931 - يىلى قۇرۇلغان تۇنجى يېڭى
مەكتەپ "نو بېشى" مەكتىپىگىمۇ ئىكساقتىن ئوقۇتقۇچى يەتكۇزۇپ بېرىلدى.
قەشقەر شەھىرىدە قۇرۇلغان تۇنجى دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىدە
ئىكساقتىن بارغان تۇرسۇن ئەپەندى، مەمتىلى ئىنىنۇف، تەلئەت ئەپەندى،
شاۋۇدۇن ھوشۇر قاتارلىقلار تايانچىلىق رول ئوينىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىكساق
مائارىپى شۇ يىللاردا قەشقەرگە يەنە 26 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئەۋەتتى: پەخرىدىن
توختى، پەخرىدىن كەرىم، ئابلىز شاقاسىم، ئابلىز باقى، ئابدۇغۇپۇر، مەھەممەت
ھەسەن، ئابدۇغۇپۇر مەمتىلاجى، ھەيتاخۇن خەلپىتىم، ئەبەيدۇللاھ قاتارلىقلار
قوغان، يېڭى ئۆستەڭ، تاشمىلىق، قوناق بازىرى، بەشكەرەم ۋە ئوپال قاتارلىق
جايلاردا قۇرۇلغان يېڭى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. يېڭى
مائارىپچىلىقنىڭ تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى ئاساسىي بازىسى ئىلى ۋادىسى
بولدى. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئىلى ۋادىسى يەرى مۇنبەت، ھول - يەغىنى
كۆپ، سۇ مەنبەسى مول، ئاشلىق ۋە چارۋىغا باي بىر جاي. بۇ يەردە سانائەت ۋە
مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممە ئىمكانىيەتلەر تەييار ئىدى.
مۇسابايلارنىڭ ماددىي بايلىقى كېيىنكى چاغلاردا ئەنە شۇ ئىمكانىيەت
زېمىنىغا قۇرۇلغان. ئەينى زامان ئولچىمى بويىچە ئالغاندىمۇ ئۇلار
ياۋروپادىكى بەزى ئەللەر بىلەن دىگۋارلىشىپ سەتىۋالغان تۇنجى زامانىۋى
زاۋۇتى - «ھۇسەيىن ھاجى خۇرۇم زاۋۇتى» ئەنە شۇ ئىلى ۋادىسىدا قۇراشتۇرۇلدى.
شۇنداقلا ئۇلار يىراقنى كوزلىگەن مائارىپ پىلانىغا ئاساسەن، چەت ئەللەرگە
چىقارغان ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا مەسئۇت سەبىرى، جىرجىس ھاجى قاتارلىق
ياشلارنى ئىلى ۋادىسىدىن تاللىغانىدى. بۇ ئوقۇغۇچىلار 20 - ئەسىرنىڭ
باشلىرىدا چەت ئەللەردىكى ئوقۇشنى تۇگىتىپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ۋەتەنگە
قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئىلىدا تۇنجى يېڭى مائارىپنىڭ تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرى
بولدى. 1889 - يىلى ئىلىدىمۇ تۇنجى يېڭى مەكتەپ - "ھۇسەينىيە مەكتىپى"
تەسىس قىلىندى. ئىلىدا قۇرۇلغان بۇ مەكتەپنىڭ تۇرتكىسىدە ئىلى ۋادىسىدا
يەنە 1905 - يىلى "ھۇنەر - كەسىپ مەكتىپى"، 1911 - يىلى "بەشىرىيە
مەكتىپى"، "تۇرانىيە مەكتىپى" ۋە "سايرامىيە مەكتىپى"، 1916 - يىلى
"مەكتىپى نۇر" ۋە "ئەلا باي قورا مەكتىپى"، 1924 - يىلى "دەرنەك مەكتىپى"،
1925 - يىلى "كەشپىيە مەكتىپى"، 1928 - يىلى "مۇراد مەكتىپى"، 1932 - يىلى
"تائالىيە مەكتىپى" قاتارلىق مەكتەپلەر ئارقا - ئارقىدىن تەسىس قىلىندى. بۇ
مەرىپەت باغچىلىرى ئىلى رايونىنىڭ كېيىنكى مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن
ئۆچمەس ئىز قالدۇردى. ئىكساقتا باشلانغان يېڭى مەرىپەت ئۇرۇقلىرى باشقا
جايلاردىمۇ يىلتىز تارتىپ چەچەكلىدى. 1905 - يىلى يەكەندە "م
ئەتلىئىلئەرپان مەكتىپى" قۇرۇلدى. "ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى" نى
تۇگىتىپ 1910 - يىلى كۇچاغا ئەۋەتىلگەن روزى ئەپەندى مەرىپەتپەرۋەر زات
ھامىت ھاجى بىلەن بىرلىكتە كۇچادا "نىزام ھامىدىيە" مەكتىپىنى، گۇچۇڭغا
ئەۋەتىلگەن شاۋدۇن قارى "گۇلشەن" مەكتىپىنى تەسىس قىلغانىدى. بىراق، يېڭى
مائارىپچىلىق ھەرىكىتى يېڭى شەيئى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭغا قارشى مەستەبىت
ھاكىمىيەت بىلەن يەرلىك مۇتەئەسسىپ كۇچلەر بىرلىشىپ "مۇقەددەس ئىتتىپاق"
تۈزۈپ، مەرىپەت باغچىلىرىنى كوكلەتمەسلىككە ئۇرۇناتتى. ھەتتا تەھدىت سېلىش
ۋە پوپوزا قىلىشتەك رەزىل تەدبىرلىرىنى ئىشقا سالاتتى. ئۇلار خەلقنى
نادانلىقتا تۇتۇپ ئىدارە قىلىش ھەيلىسىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيتتى. شۇڭا
ئۇلار يېڭى مەكتەپلەرنى تاقىۋەتىش، ئوقۇتقۇچىلارنى قوغلىۋەتىش ھەتتا قاماپ
ئولتۇرۇش قاتارلىق ۋەھشىيلىكلەرنى بىر مىنۇتمۇ توھتاتمىغانىدى. بۇ ھەقتىكى
قانلىق پاكىتلار ئىنتايىن كۆپ. ئەنە شۇ تۇپەيلىدىن يېڭى مائارىپنىڭ
ئاساسچىلىرى جامائەت پىكرى توپلاش، خەلقنى ئويغىتىش يولىدا تەشۋىق -
تەرغىبات يۇرگۇزۇش قاتارلىق ئىشلارنىمۇ قولدىن بەرمىدى. ئاكا - ئۇكا
مۇسابايلار 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا "مەتبەئى ھۇرشىد، مەتبەئى نۇر" ناملىق
تاش مەتبەئەنى سىرتتىن كىرگۇزۇپ، شائىر تەجەللى (5) ۋە شائىر قۇتلۇق
شەۋقىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ياردەم بەردى. تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ "ئۇسۇل تەدرىسى"
ناملىق پېداگوگىكىلىق رىسالىسىنىمۇ ئاشۇ مەتبەئە ئارقىلىق بېسىشنى ھاۋالە
قىلغانىدى. قۇتلۇق شەۋقى مۇھەررىرلىكىدىكى "ئاڭ گېزىتى" باۋۇدۇن مۇساباينىڭ
ئىقتىسادىي غەمخورلۇقى ئارقىسىدا 1910 - يىلى قەشقەردە دۇنياغا كېلىپ،
مەرىپەت دۈشمەنلىرى بىلەن تىغمۇ تىغ ئېلىشىدىغان كۈرەش مۇنبىرىگە ئايلاندى.
قۇتلۇق شەۋقى مەزكۇر گېزىتتە مۇنداق خىتاپ قىلغانىدى: بىر قىلىچ بەرسە
"خۇدا"، كەس! دەپ ئۇنىڭغا بۇيرۇسام، گەر خاراپكەن ئەل - ۋەتەن، كاللامنى
ئۈزسۈن ئۇ قىلىچ. كۆرمىسۇن شەۋقى كۆزى قۇللۇقتا ئەل تەقدىرىنى.... "ئاڭ
گېزىتى" ئاڭ تەرغىباتىنى ئەنە شۇنداق يالقۇنلۇق خىتابلار بىلەن
باشلىغانىدى. ئەينى زاماندا ئاتۇش ۋە قەشقەر، جۈملىدىن تارىم ۋادىسىدا
باشلانغان يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىدە مەشھۇر ئالىم ئابدۇقادىر ئىبنى
ئابدۇۋارىس قەشقەرى (1862 - 1924 - يىللار) جاھالەتكە قارشى جەڭچى سۈپىتىدە
مەيدانغا چىقتى. ئابدۇقادىر داموللا ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ مەشھەت كەنىتىدە بىر
ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆز يۇرتىدا ۋە قەشقەر خانلىق
مەدرىسىدە خېلى يۇقىرى بىلىم ئالىدۇ. لېكىن ئۇ بۇنىڭ بىلەن قانائەتلەنمەي
بۇخارا قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ ئۇزۇن يىل ئۆگىنىدۇ. كېيىن كىچىك
ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە بېرىپ ئۇ يەرلەرنى كۈزىتىدۇ ۋە ئىلمىي
تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇساھاجى ۋە
ئۇنىڭ ئوغۇللىرى باشلىغان يېڭى مەرىپەت دولقۇنىنى ئاكتىپ قوللاپ، مەنىۋى
جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ. ئۇ، جاھانگىرلىككە، ئىستىبدات تۈزۈمگە، مۇتەئەسسىپ
بايلار گۇرۇھىغا، جاھىل روھانىيلارغا قارشى كۈچلۈك كۈرەش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ،
ئالدى بىلەن ئاممىنى قوزغاپ قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى "شۋېت مىسسىئونېرلىرى
مەتبەئەسى" نى پاچاقلاپ تاشلىغان ۋەتەنپەرۋەر ئىدى. ئۇ، شۋېتلارنىڭ خوتەن
ۋىلايىتىدە 30 غا يېقىن ئۇيغۇر بالىسىنى گۈرەگە ئېلىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ،
باۋۇدۇن مۇسابايغا مەدەت بېرىپ، مەزكۇر بالىلارنى شۋېتلارنىڭ قولىدىن
قۇتقۇزۇش يولىدا ھەمكارلىشىدۇ. قۇتقۇزۇۋېلىنغان بۇ ئوسمۈرلەر ئىكساققا
ئېلىپ كېلىنىپ "ھۇسەينىيە مەكتىپى" دە تەربىيىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىن
كېيىن بوغالتىر، دۇكانچى، ئامبارچى، ئىش باشقۇرغۇچىلار يېتىشىپ چىققانىدى.
ھازىر ھايات ياشاۋاتقان مەھەممەت ئاكا، پازىلجان، ئەنۋەر، مىجىت ئاكا،
ھاشىم ئاكا، نىياز قاتارلىق پەشقەدەملەر ئاشۇ تارىخنىڭ جانلىق
گۇۋاھچىلىرىدۇر. شۋەت مەتبەئەسى پاچاقلىنىپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر
يېڭى مائارىپىنى دەرسلىك قوللانما بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن
داموللا ئابدۇقادىر قەشقەرى 1910 - يىلى يېڭىسارلىق نۇر ھاجى بىلەن
بىرلىشىپ "مەتبەئى نۇر" ناملىق مەتبەئە تەسىس قىلدى. ھەممىگە مەلۇمكى،
ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ دەرسلىك كىتاب تۈزۈپ ۋە يېزىپ بەرگەن
ئالىم ۋە دەداكتىك مۇئەللىپ يەنە شۇ ئابدۇقادىر قەشقەرى ئىدى. ئۇنىڭ
ئەسەرلىرىدىن پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە دەرسلىك
قىلىنىپ ئوقۇلغانلىرىنىڭ تىزىملىكى مۇنۇلار: "ئىلمىي تەجۋىد"، "ئىلمىي
ھېساب"، "ئىلمىي جۇغراپىيە"، "مۇھىم ئەقىدىلەر ساۋاتى"، "گۇدەكلەرگە
تەربىيە"، "ئەدەبىيات ئاچقۇچى"، "ئوسمۇرلەرگە نەسىھەت"، "ئاممىغا نەسىھەت"
ۋە باشقىلار. بۇلارنىڭ بەزىسى قەشقەرنىڭ ئۆزىدىكى "مەتبەئى نۇر"
باسمىخانىسىدا، بەزىلىرى "قازان نەشرىياتى" دا بېسىلىپ تارقىتىلغانىدى.
ئابدۇقادىر قەشقەرى كۆپ تەرەپلىمە مەلۇماتلىق ئالىم ۋە تىلشۇناس ئىدى. ئۇ
ئەرەب، پارس، ئوردۇ ۋە تۈركىي تىللىرىنى پىششىق بىلەتتى. ئۇ يەنە كېلىپ
ئۇستا ناتىق، ماھىر مۇنازىرچى ۋە شائىر ئىدى. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىلمىي
ماقالىلىرى زامانىسىنىڭ ئاتاقلىق مەجمۇئەسى "شۇرا زجۇرنىلى" دا ئېلان
قىلىنغان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىنىڭ ئەتىبارىنى جەلپ قىلغانىدى.
مەرىپەتپەرۋەر بۇ ئالىم يېڭى مائارىپىنىڭ دۇشمەنلىرىگە، بولۇپمۇ يەرلىك
بولگۇنچى مۇتەئەسسىپلەرگە رەھىمسىز دەككە بېرەتتى. ئۇ ئوز سوھبەتداشلىرىنى
ئاگاھلاندۇرۇپ: "ئىككى قوشقار ئۇسسۇشسە لۇقچىغا بولار، ئىككى قارغا پوق
تالاشسا ئوقچىغا..." دەپ تۇراتتى. ئابدۇقادىر قەشقەرىنىڭ بىر ئەسىرىدە
دىئالوگ شەكلىدە يېزىلغان توۋەندىكى قۇرلاردىن ئۇنىڭ مەرىپەت ئىدىيىسىنى
ئېنىق كورۇۋالالايمىز: - ئىنسان نەمە ئۈچۈن ھار ۋە زەيۇن بولىدۇ؟ - ئىككى
سەۋەبتىن: بىرىنچى، نادانلىق ۋە جاھىللىقتىن، ئىككىنچى، تەپرىقە ۋە
ئىتتىپاقسىزلىقتىن. - ئىززەت، ئابروي ۋە كۇچ نەدىن كېلىدۇ؟ - بىلىم -
مەرىپەتتىن ۋە ئىتتىپاقلىقتىن. ........ مانا بۇ دىئالوگلاردىن بۇ ئالىمنىڭ
نادانلىق، جاھىللىققا ۋە ئىتتىپاقسىزلىققا قارشى كۇرەش روھىنى روشەن
كورۇۋالالايمىز. ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسلىق مەركەزلىرىدىن بىرى
تۇرپان - ئاستانە گەۋدىلىك ئورۇن تۇتىدۇ. تەرەققىيپەرۋەر مەقسۇت مۇھىتى
(1885 - 1932 - يىللار) نىڭ يەتەكچىلىكىدە يېڭى مائارىپ تۇرپان
ئويمانلىقىدا، ئالدى بىلەن قاراغوجا ئاستانىدا يىلتىز تارتتى. ئېلىمىزدە
جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئېلان قىلىنغان ھامان مەقسۇت مۇھىتى تۇرپاندىن تاھىربەگ
باشچىلىقىدا بىر ۋەكىللەر ئومىكىنى ئىچكىرىگە ئەۋەتىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن
مەدەنىي - مائارىپقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. كېيىن ئۇ ئۆزىمۇ ئەمەلىي
ھەرىكەت قىلىپ، 1914 - يىلى موسكۋادىن ھەيدەر سايرانى ئىسىملىك تاتار
زىيالىسىنى تەكلىپ بىلەن كەلتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قورۇسىدا بىر سىنىپلىق يېڭى
مەكتەپ ئاچتى. بۇ مەكتەپنىڭ نامى "مەكتىپى مەقسۇدىيە" دەپ ئاتالدى.
ئوقۇلىدىغان دەرسلەر: ئانا تىلى، ھېساب، جۇغراپىيە، سائادەت، ئىلمىي
تەجۋىد... قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالاتتى. ئۇ، 1917 - يىلى يەنە موسكۋا
ئۇنىۋەرسىتەتىنى تۇگەتكەن تاتار زىيالىيلىرىدىن مۇھبۇللا، گۇلەندەم
ئاۋۇستاي (6) (ئايال)، ئەلى ئىبرايىم، ھەسامىدىن قاتارلىق ئالتە
ئوقۇتقۇچىنى ئېلىپ كېلىپ، يېڭى مەكتەپ دائىرىسىنى گۇچۇڭ ۋە تۇرپان شەھرى
ئىچىگە كەڭەيتتى. ئەلى ئەپەندى تۇرپان شەھەر ئىچىدە، ھەسامىدىن ئەپەندى
گۇچۇڭدا مەكتەپ ئاچتى. مۇھبۇللا بىلەن گۇلەندەم ئاۋۇستاي ئاستانىدا
ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. بۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن: ئابدۇرۇسۇل ئەپەندى،
دۇگامەت ئەپەندى، نەجىبى، مومىن، ئابدۇللا پەرسا قاتارلىقلار تۇرپان
ئويمانلىقىدىكى يېڭى مائارىپقا ئاساس سېلىشتا كوزگە كورۇنەرلىك توھپىلەرنى
قوشتى. بولۇپمۇ گۇلەندەم ئاۋۇستاينىڭ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئۈچۈن قوشقان
ھەسسىسى ئىنتايىن چوڭ بولدى. ئۇ، يولدىشى - پەشقەدەم ئوقۇتقۇچى مۇھبۇللا
1921 - يىلى ئاستانىدا كەسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ تاكى
1925 - يىلىغىچە تۇرپاندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋەردى. كېيىن ئۇ چوچەككە بېرىپ
ئىككى مەكتەپ تەسىس قىلدى. ئۇنىڭ بىرىگە كىشىلەر مۇشۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ شەرىپى
ئۈچۈن "مەكتىپى گۇلەندەمىيە" دەپ نام بەردى. ئىككىنچىسىگە "مەقسۇدىيە"
دېگەن نامنى بەردى. ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر يېڭى مائارىپىنىڭ
ئايال مەنىۋى ئىنزجەنەرى دەپ نام ئالغان گۇلەندەم ئاۋۇستاي ئىسمى - جىسمىغا
لايىق ھەقىقىي مەرىپەت باغۋىنى ئىدى. ئۇ ئۇزاق مۇساپىلەرنى، چول -
جەزىرىلەرنى كەزىپ، ئۇيغۇرلار يۇرتىغا كەلىش بىلەن تۇرپاننىڭ پىزجغىرىم
تومۇزلىرىدا، چوچەك ۋە ئىلىنىڭ قەھرىتان سوغۇقلىرىدا چىدام بىلەن ئىشلەپ،
ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى بەغىشلىدى. ئۇ مۇشۇ يۇكسەك پەزىلىتى
بىلەن ئۆچمەس سەھىپە قالدۇردى. ئۇ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ "سويۇملۇك
ئانىسى" دەپ تىلغا ئەلىنىشىقا ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭ توھپىسى ۋە ئالىيجاناپ
ئەخلاقى خېلىمۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە يالقۇنلىماقتا... ئېلىمىزدە مەركىزىي
ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان مائارىپ لايىھىسىنىڭ قامچىلىشى ئاستىدا ئۇرۇمچىدە
بۇرۇنقى شوتاڭ مەكتەپلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا 1916 - يىلى "بۇغدا
دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى" ھەمدە 1924 - يىلى "قانۇن - تىل مەكتىپى"
قۇرۇلدى. رۇس تىل - يېزىقى چەت تىل بولۇپ كىرگۇزۇلدى. بۇ مەكتەپلەردە يەنە
خېلى كۆپ ئۇيغۇر، قازاق ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئوقۇغانىدى. تۇرپان ئويمانلىقىدىكى
مەقسۇت مۇھىتى تەسىس قىلغان يېڭى مائارىپ تۈزۈمى مۇستەبىت كۇچلەر بىلەن
روھانىيلارنىڭ جىددىي قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى. ئۇلار يېڭى مائارىپقا
ئۆچمەنلىك قىلىپ، مەقسۇت مۇھىتىنى "جەدىت" دەپ ھاقارەتلىدى. نەتىجىدە
ئاستانىدا ئېچىلغان يېڭى مەكتەپ بىر مەزگىل ئوقۇشنى توھتىتىپ، مەكتەپنى
گۇچۇڭغا ۋە لۇكچۇنگە كوچۇرۇشكە توغرا كەلدى. مۇشۇنداق جىددىي ۋەزىيەتتە
تۇرپانلىق ۋەتەنپەرۋەر دېموكرات شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (1901 - 1932 -
يىللار) مەرىپەتپەرۋەرلىك مەزمۇنىدىكى ئاجايىپ ئوتكۇر شېئىرلارنى يېزىپ،
نادانلىققا - جاھالەتكە قارشى كۇرەش قىلدى: ئويغىنىپ كەتتى جاھان، مەغرىبى
- مەشرىق تامام، مەن تەھى سۇت ئۇيقۇدا چۈش كورۇپ ياتارمەن. باشقىلار كوكتە
ئۇچۇپ، سۇدا ئۇزۇپ كەتتى يىراق، مەن مىسال يالاڭ ئاياغ دەسسەپ تىكەن
ماڭارمەن. پەنگە ماڭساڭ كوز ئەچىپ، كاپىر "جەدىت" دەپ قارغىشۇر، بۇ ھاماقەت
دەۋرىدە ئاتەش بولۇپ يانارىمەن. پەن - بىلىمدىن يوق خەۋەر، باستى غەپلەت،
ھەۋپ - خەتەر، ھالىمىز قۇلدىن بەتەر، قانداق چىداپ تۇرارىمەن... ئۇ يەنە
شېئىرىدا ياش - ئوسمۇرلەرنى ئوقۇشتىن توسۇپ نادانلىققا باشلىغان جاھىللارغا
مۇنداق ئوتكۇر كىنايە قىلىپ يازىدۇ: ئوقۇتماي بالىلارنى ئوينىتىپ ھوپ ياخشى
چوڭ قىلدۇق، ئىسىت! بۇ بالىلار ئاخىرى يېرىم نانغا سەتىلغايمۇ؟! ئوقۇڭلار،
ئوقۇتۇڭلار، ھاۋا ھەم ئەلپازىنى بۇزدى، ئەگەر يوق بولسا ھازىرلىق بۇ مىللەت
ھەم يوقالغايمۇ؟! 1931 - يىللارغا كەلگەندە، ئىستىبدات ھاكىمىيەت خەلقىنىڭ
بىلىم ئېلىپ كۆزى ئېچىلىپ كېتىشىدىن چۆچۈپ، روھانىي ۋە جاھىل كۈچلەرگە
تايىنىپ بېسىقتۇرۇش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزدى. مەقسۇت مۇھىتى خەلقنى كۈرەشكە
تەشكىللىدى ۋە شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى. 1930 - يىللارنىڭ باشلىرىدىكى
قۇمۇل دەھقانلار قوزغىلىڭى ۋە "12 - ئاپرەل سىياسىي ئوزگىرىشى" تۇرتكىسىدە
پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە، بولۇپمۇ تيانشاننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر - يېزىلاردا
قايتىدىن مائارىپ دولقۇنى ئەۋجىگە كەلتۇرۇلدى، بۇرۇن تارقىتىۋەتىلگەن
مەكتەپلەر ئەسلىگە كەلتۇرۇلدى، نۇرغۇنلىغان ئوقۇش يۇرتلىرى قۇرۇلدى. شەھەر
ۋە يەزا ئاھالىسىنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ يېڭى مەكتەپكە بولغان ئىنتىلىشى
چەكسىز قىزغىن ئىدى. پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە قوزغالغان ئۇيغۇر يېڭى
مائارىپىنىڭ مۇشۇ مەزگىللەردىكى ئاتاقلىق ۋەكىلى ۋە قەيسەر جەڭچىلىرىدىن
بىرى مەمتىلى توھتاجى بولۇپ، ئۇنى كىشىلەر ھۆرمەتلەپ مەمتىلى ئەپەندى دەپ
ئاتايتتى. مەمتىلى ئەپەندى 1909 - يىللىرى ئىكساقتىكى "ھەبىب زادە
دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى" نىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ 30
- يىللىرىدىكى يۇكسىلىش مەزگىللىرىدە ئاجايىپ توھپە قوشقان بۇ مەشھۇر
ئوقۇتقۇچى 1901 - يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە بىر تەۋىپ ئائىلىسىدە
تۇغۇلغان. ئاتىسى توھتاجى تەرەققىيپەرۋەر كىشى ئىدى. مەمتىلى يېڭى مەكتەپتە
تەز ساۋاتىنى چىقىرىدۇ، لېكىن مۇستەبىت ھۆكۈمەت بىر يىلدىن كېيىن مەكتەپنى
پەچەتلىۋەتىدۇ. كېيىن ئۇ، ئاتىسى بىلەن بىللە 1920 - يىلى تاغ ئارقىسىغا
(ئىلىغا) ئوتۇپ كەتىدۇ. ئۇ تۇرمۇش يولىدا جۇۋىچىلىق، تەۋىپلىق ۋە ئاشپەزلىك
ھۇنەرلىرىنى ئوگىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە شېئىر يېزىش ۋە ساز چەلىش
ماھارىتىنىمۇ ئوگىنىۋالىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ بىلىم - مەرىپەتكە بولغان
ئىشتىياقى ھەممىنى بېسىپ چۇشىدۇ - دە، ئاخىرى چوچەك ئارقىلىق سوۋەت
ئىتتىپاقىغا ئوتۇپ، تاشكەنتتىكى ئالىي بىلىم يۇرتىدا بىر يىلچە ئوقۇغاندىن
كېيىن، 1923 - يىلى قارا دەڭىز ئارقىلىق تۈركىيىگە ئوتۇپ، ئىستامبۇلدىكى
مۇئەللىم يېتىشتۈرۇش كۇرسىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ ۋە بۇ كۇرسنى ئەلا تۇگىتىپ،
ئىستامبۇلدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. شۇنىڭدىن
باشلاپ، ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق ھىزمىتىنى ئەڭ ئۇلۇغ خىزمەت دەپ تونۇيدۇ. ئۇنىڭ
تەۋپىق (توغرا يول تاللىغۇچى) دېگەن تەخەللۇسى ئەنە شۇ ئاساستا مەيدانغا
كەلگەن. ئوقۇتقۇچىلىق ھىزمىتىنى ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ توغرا يول دەپ
تاللىۋالغان مەمتىلى ئەپەندى ئوز ۋەتىنىگە، ئوز يۇرتىغا مەرىپەت
ئۇرۇقلىرىنى چەچىش ئۈچۈن 1932 - يىلى ئاتۇشقا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇزۇن ئوتمەي
پۈتۈن ئاتۇش دائىرىسى بويىچە ئىلىم - مەرىپەت دولقۇنىنى قوزغىۋەتىدۇ. ئۇ
ئىقتىدارلىق تەرغىباتچى ۋە تەشكىلاتچى بولغىنى ئۈچۈن تەز ئارىدىلا
ناھىيىلىك مائارىپ مەمۇرىيەت ئاپپاراتى ھەمدە ئاتا - ئانىلار كومىتەتى
قاتارلىق تەشكىللەرنى قۇرۇپ چىقىدۇ. مائارىپ راشوتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى
ھەل قىلىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى چاقماق تەزلىكىدە تۇتۇش قىلىپ ئالتە ئاي
ئىچىدە ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىدە 24 مەكتەپ قۇرۇپ بولۇشنى پىلانلاپ، مىسلى
كورۇلمىگەن جاسارەت بىلەن ئىشقا كىرىشىپ كەتىدۇ. ئۇ، بىر تەرەپتىن
جامائەتنى كەنتلەرگە مەكتەپ سېلىشقا قوزغاش بىلەن ئالدىرسا، يەنە بىر
تەرەپتىن 24 مەكتەپكە مۇئەللىم مەسىلىسى ھەل قىلىشقا باش قاتۇراتتى. ئۇ
ئالدى بىلەن قىسقا مۇددەتلىك دارىلمۇئەللىمىن كۇرسىنى قۇردى. بۇ "ئوڭئەرىق
مۇئەللىملەر كۇرسى" دەپ ئاتالغانىدى. ئوقۇغۇچىلار سانى دەسلەپتە 60 ئىدى.
تىل - ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، تارىخ، تەنتەربىيە، ناخشا -
مۇزىكا دەرسلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر يالغۇز مەمتىلى ئەپەندى ئۆزىلا ئۆتەتتى.
ئۇنىڭ ئۆزىدىن باشقا مۇئەللىم يوق ئىدى. بىر قارار كۇرس تۇگىگەندىن كېيىن
مەمتىلى ئەپەندى كۇرسانتلارنى بىر خىل كىيىندۇرۇپ تىزىلدۇرغان پەتى كەنت
ئارىلاپ يۇرۇپ، ناخشا - مارشلارنى ياڭراتتى، ھەرقايسى مەكتەپلەرگە 60
مۇئەللىم ئورۇنلاشتۇردى. بۇ چاغدا پۈتۈن ئاتۇش زىلزىلىگە كەلگەنىدى. ئەنە
شۇ مەرىپەت دولقۇنىدا ئۆزى يېزىپ، ئۆزى ئاھاڭغا سالغان مارش ھەممىلا جايدا
جاراڭلايتتى: بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز، خەلقىمىزگە يوپيورۇق
نۇرلار چاچىمىز. تالاي يىللار زۇلمەتتە تەنەپ ھار بولدۇق، ئىلىم - ئەرپان
يولىدا تەشنا - زار بولدۇق. ھۇراپاتتا قالدۇرۇپ ئەزدى زالىملار، كوزلىرىمىز
قارىغۇ، كۆپ ناچار بولدۇق. ئەمدى ماڭغان يولىمىز سائادەت يولى، بىز يېڭىدىن
ئېچىلغان ۋەتەننىڭ گۇلى. ئوقۇتىمىز ئەۋلادنى يېڭى پەن بىلەن، پۇختا بولسۇن
مەكتەپنىڭ بەسىلغان ئۇلى. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاكتىپ تەرغىباتچىلىقى
ئارقىسىدا كەڭ ئامما يېڭى مەرىپەتكە ئاۋاز قوشتى. ئاتۇشنىڭ ئۆزىدىلا
مائارىپ قوينىغا كىرگەنلەر ئون مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. مەمتىلى ئەپەندى
ئاغزاكى تەرغىباتتىن باشقا يەنە جامائەتكە پايدىلىق ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ
بېرەتتى. مەسىلەن: مەكتەپلەردە خالىس ئەمگەك تۈزۈمىنى يولغا قويدى، ئۇنىڭ
باشلامچىلىقىدا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئەتىز - ئەرىق ۋە يول بويلىرىغا
بىر تۇمەن تۇپتىن ئارتۇق جىرىم قويۇپ، پۈتۈن ئاتۇش خەلقىنىڭ قىزغىن
ئالقىشىغا ئەرىشتى. يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنىڭ بۇ قايناق دولقۇنى
ئاتۇشتىن ھالقىپ ئوتۇپ، باشقا ۋىلايەت، ناھىيىلەرگىمۇ يېتىپ بېرىپ، ئۇ
يەرلەردىكى يېڭى مائارىپ دولقۇنى ئۈچۈن تۇرتكە بولدى. كورلا، لوپنۇر،
بۇگۇر، كۇچا، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا يېڭى مەكتەپلەر ئارقا - ئارقىدىن
ئېچىلىشقا باشلىدى. ئاشۇ مەكتەپلەردە ئاتۇشتا مەمتىلى ئەپەندى ئىجاد قىلغان
"بىز مۇئەللىم مەكتەپ ئاچىمىز"، "بىز ئىزچىلارمىز" قاتارلىق جۇشقۇن
ناھشىلارنى ئەيتىشىپ، پۈتۈن شەھەر، يەزا - قىشلاقلارنى ھاياجانغا
سالغانىدى. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى سوپىزادە (مەمتىمىن قارى
ھاجى) ئاتۇشتىن ئاقسۇغا كېلىپ، 1934 - يىلى كۇزدە ئاقسۇدا تۇنجى
دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى قۇردى. بۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشى مەمتىلى ئەپەندى
تەسىس قىلغان "ئوڭئەرىق مۇئەللىملەر كۇرسى" (ئەمەلىيەتتە "ئوڭئەرىق
دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى") بىلەن دەل بىر مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ.
سوپىزادىمۇ مۇزىكانت، شائىر ۋە ناخشا ئىجادچىسى ئىدى. سوپىزادىنىڭ ئاقسۇ
دارىلمۇئەللىمىن ئۈچۈن ئىجاد قىلىپ بەرگەن "بۇ ئانا ماكان" ناملىق مەكتەپ
شېئىرىنىڭ تەكىست مەزمۇنىغا (بۇ تەكىست كېيىن مەشھۇر مائارىپچى ئابدۇللا
روزى تەرىپىدىن قىسمەن تۇزىتىلگەن) دەل مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مەرىپەت
ئىدىيىسى سىڭدۇرۇلگەن. ئۇ تەكىست مۇنداق ئىدى: بۇ ئانا ماكان - كانى
ئەرپان، ئوقۇ، ئورلە، ئالغا يۇر.. مەرىپەت بىزگە بىرەر شەرەپ - شان، ئوقۇ،
ئورلە، ئالغا يۇر.نەقرات بىلىم بىلەن بىز شاتلار قۇچىمىز، ياشلىق ئوقۇش
دەۋرىدۇر. بىلىم بەغىدا گۇللەر ئېچىلار، ھەرگۇل شەھىدا بۇلبۇللار سايرار.
بىلىملىك ئەۋلاد شان - شەرەپ قۇچار، ياشلىق ئوقۇش دەۋرىدۇر. ئىلىم
ھەكىمەتتىن بولۇر ئىززىتىڭ، ئەخلاق - پەزىلەت بولسۇن ھىسلىتىڭ. ساغلام
بەدەندۇر ئومۇر زىننىتىڭ، ئوقۇ، ئورلە، ئالغان يۇرەينى يىللاردا يەنە ئاقسۇ
ۋىلايىتى دائىرىسىدە قۇرۇلغان "نىيازىيە"، "مەكتىپى ئىسمائىلىيە"، "ۋەتەن
يۇنۇسىيە"، "سوتۇق بۇغراخان"، "تۆمۈر غازى"، "تۇرانىيە"، "سۈبھى سابا"،
"ئابباسىيە" قاتارلىق مەكتەپلەرمۇ ئاشۇ قېتىملىق مائارىپ دولقۇنىنىڭ
بىۋاسىتە مەھسۇلى ئىدى. بىراق، بۇ قېتىممۇ ئاتۇش مەركەز قىلىنغان بۇ
داغدۇغىلىق مەرىپەت دولقۇنى يەنىلا ئىستىبدات تەرەپدارلىرى بىلەن بىر ئوچۇم
مەرىپەت دۇشمەنلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى. ئۇلار ھەر خىل باھانىلەر
بىلەن يېڭى مەكتەپلەرنى تارقىتىۋەتىشكە ئۇرۇندى. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ شەخسەن
ئۆزىگىمۇ ھاقارەت قىلىندى. مەرىپەت ئۈچۈن مۇھەببەت باغلىغان ياشلار ۋە
ئوقۇغۇچىلارغا يوشۇرۇن چالما - كەسەك ئاتىدىغان، ئالدىنى توسۇۋەلىپ
مەكتەپكە ماڭغۇزمايدىغان، گاھىدا تىل - ھاقارەت تەككۇزىدىغان ۋەقەلەرمۇ
سادىر بولاتتى. ئۇ مۇئەييەن ھالدا، بىلىم - مەرىپەتكە يۇزلىنىش بىلەن
نادانلىق ۋە جاھالەت ئوتتۇرىسىدىكى كۇرەشنىڭ بىر كورۇنۇشى ئىدى. مەمتىلى
ئەپەندى بۇ كۇرەشنىڭ ئالدىنقى سەپىدە تۇرۇپ، جاھالەتكە قارشى ئوز ئىشىنى
داۋاملاشتۇرۇۋەردى. مەمتىلى ئەپەندى 1935 - يىل يازدا 100 نەپەر ئوسمۇرنى
تاللاپ "ئىزچىلار ئەترىتى" نى تەشكىللىدى. ئەترەت ئەزالىرى ئوھشاش بىر
خىلدا ماش رەڭدە بويالغان كىيىم، پۇتىغا قىزغۇچ سەندەل كىيگەن، قولىغا
ئوھشاش رەڭلىك قىسقا كالتەك ئالغان، ئوھشاش سومكا ئاسقان ھالدا پىيادە
يولغا چىقتى. ئۇلار پەيزىۋات، توققۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار ۋە
قەشقەر شەھەر ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۇرۇپ، يېڭى مائارىپ تەشۋىقاتىنى يەنىمۇ
كۇچەيتتى. ئۇلار "ئىزچىلار مارشى" نى ياڭرىتىپ مەردانە قەدەم تاشلاپ
ماڭاتتى: بىز ئىزچىلارمىز، پۇت، قوللارىمىز، كوز، دىماغىمىز، ھەر يېرىمىز
ساغلام؛ خەلق يولىدا كۇرەش قىلىمىز، دۇشمەنگە قارشى ساقلاپ ئىنتىقام. ئۇزۇن
ۋاقىتلاردا زالىم قولىدا، ئىشلىيەلمىدۇق خەلق يولىدا؛ قۇللۇق ئورنىدىن
ئەمدى دەس تۇرۇپ، ئالغا ئورلەيمىز ئەرپان تۇرىدا. نەقرات ئۆگەن، تىرىش، ياش
ئىزچى بالىلار، ۋەتەن ئىشقىدا قاينار ۋىجدانلار. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بۇ
ۋىجدانىي ھەرىكىتى شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ ھەربىي قوماندانى (شىنجاڭ)
مەھمۇت مۇھىتى تەرىپىدىن قارشى ئەلىندى. مەھمۇت مۇھىتى يالغۇز ئاغزاكى
قوللاپ مەدەت بېرىپلا قالماستىن، بەلكى مەخسۇس ئىككى ئەسكەرنى بەلگىلەپ
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مائارىپ پائالىيىتىنى ۋە شەخسىي بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى
ھەمدە پۈتۈن ئاتۇش ناھىيىسىدىكى يۇرت موتىۋەرلىرىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش
خەتى ئەۋەتىپ، مائارىپ ئىشلىرىغا قىزغىن ياردەم بېرىشنىڭ زۆرۈرلۇكىنى
نۇقتىلىق تەكىتلىدى (7). مەھمۇت شىجاڭنىڭ بۇيرۇق خېتىنى ئۇقتۇرۇش يۈزىسىدىن
مەشھەتتە - سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى يېنىدىكى ئازنا مەسچىت قورۇسىدا
ئېچىلغان، نۇرغۇن ئادەم قاتناشقان چوڭ يىغىندا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ (تەۋپىق)
سۆزگە چىقىپ كەڭ جامائەتكە قارىتا تۈۋەندىكى مۇراجىئىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
"... قېرىنداشلار، ئاتىلار - ئانىلار ۋە ئارقىداشلار: مەن بەشىمدىن ئەغىر
سەزگۇرەشتىلەرنى كەچۇرۇپ، يۇرتۇم ئۈچۈن ئىشلەشكە بىلىم ئېلىپ كەلگەنمەن.
يۇرت خەلقىنى ئاسارەتنىڭ كىشەنلىرىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، مۇئەللىملىك كەسپىنى
ئەڭ ئۇلۇغ كەسىپ، ئوقۇتقۇچىلىق يولىنى ئەڭ توغرا يول دەپ تاللاپ ئالغانمەن.
قاچاندۇر بىر كۇنى مەنى ئالتە پۇڭلۇق قوغۇشۇن ئوقى ئاخىرەتكە ئۇزىتىشى
مۇمكىن، لېكىن مەن ئەنە شۇ كۇننى كۇتىمەن. چۈنكى مەن ۋەتەن يولىدا، مەرىپەت
يولىدا ئىسسىق قەنىمنى توكۇشتىن زادى قايتمايمەن...". مانا بۇ بىر ئۇلۇغ
مائارىپچىنىڭ ۋىجدان ساداسى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھۇنەر - سەنئەتلىرى:
ئاشپەزلىك، جۇۋىچىلىق، تەۋىپلىق، مۇزىكانتلىق بىلەنمۇ يالغۇز جەنىنى گۇلدەك
ئوتكۇزۇپ كەتەلەيتتى، ئەمما ئۇ شەخسىي مەنپەئەتتىن كورە خەلق، مىللەت
مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئالىي دەپ قارىغان، مائارىپنى خەلق، مىللەتنىڭ
ئىستىقبالى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچى ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىغان، شۇڭا ئۇ
مائارىپقا مۇھەببەت باغلاپ، شۇ مۇقەددەس خىزمەت يولىدا ياش ھاياتىنى قۇربان
قىلغان. مەرىپەت دۇشمەنلىرى ئۇنى 1937 - يىلى دەرشانا مۇنبىرى يەنىدىن
تۇتۇپ كەتتى ۋە شۇ يىلى ئىيۇلدا پاجىئەلىك ھالدا ئولتۇرۇۋەتتى. مەمتىلى
ئەپەندى، تۇرسۇن ئەپەندى، ئابدۇراھمان شائىر ۋە باشقا نۇرغۇن مۇنەۋۋەر
مائارىپچىلىرىمىزنىڭ بۇ يولدا كۆرسەتكەن ئىجتىھاتلىرى، تارتقان
ئەرزىيەتلىرى، ئاققۇزغان قانلىرى بىكارغا كەتمىدى. ئۇلارنىڭ چاچقان
ئۇرۇقلىرى، قويغان كوچەتلىرى مەرىپەت بەغىمىزنى باراقسان قىلدى. مىڭلىغان -
ئونمىڭلىغان مائارىپچىلىرىمىز شۇ ئىزدىن مەيدانغا كەلدى. مىليونلىغان
ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قەلبىنى مەرىپەت نۇرى بىلەن يورۇتتى. بىز بۇگۇن ئاشۇ
قەدىردان ئۇستازلىرىمىزنى، سويۇملۇك ئەجدادلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن
ئەسلەيمىز ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىمىز!
ئىزاھاتلار: (1) باۋۇدۇن باينىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان بۇ تۇنجى يېڭى
مەكتەپ ئاكىسى ھۇسەن ھاجىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغانىدى. (2) شۇ چاغدا خەنزۇچە
تىل - يېزىق "دۆلەت تىلى" دەيىلەتتى. (3) (4) "بىرىنچى مەكتەپ"، "ئىككىنچى
مەكتەپ" دېگەن سۆز. (5) تەجەللى - ئىقتىدارلىق شائىر ھۇسەيىنخان راجاللى
(1848 - 1927) قاغىلىق ناھىيىسىدە ئاتاقلىق تەۋىپ ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ
ئۆسكەن. دەھلى، ئىران، كابۇل قاتارلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇغان، ئەقىل -
پاراسەتلىك، زەھىن زاكاۋەتلىك بۇ ئالىمغا ئەينى زاماندىكى ئەدىب، ئولىمالار
"تەجەللى - مۇجەللى" (چاقناپ تۇرىدىغان نۇر ۋە يازغان بىر قەسىدىسىدە ئاتۇش
ئىكساقتا قەد كوتۇرگەن "ھەبىب ئەجەم گۇمبىزى" ھەم ئۇنىڭ يەنىدىكى يېڭى
مائارىپ مەشئىلى "ھۇسەينىيە مەكتىپى" ۋە ئۇنىڭ ئاساسچىلىرىنى لاتاپەتلىك ۋە
ئوبرازلىق بەدىئىي تىل بىلەن مەدىھىيلىگەنىدى. (6) ئاۋۇستاي - تاتار تىلىدا
مۇئەللىمە خانىم ياكى موللاچام دېگەن ھۆرمەت نامىنى بىلدۇرىدۇ. (7) مەھمۇت
شىنجاڭ ھەتتا يىراق قاراشەھەر، لوپنۇر ناھىيىلىرىگىمۇ يېڭى مەكتەپ ئەچىش
توغرىسىدا ئالاقە ئەۋەتكەن ۋە ئوقۇتۇش ماتەرىياللىرى يەتكۇزۇپ بەرگەن.
بەكرى قارى قاتارلىق كىشىلەر بۇ جايلاردا يېڭى مەكتەپنىڭ ئاساسىنى
قۇرغۇچىلار ئىدى. بولۇپمۇ بەكرى قارى يېڭى مەكتەپنىڭ مۇھىم تەشكىلاتچىسى
بولغاچقا بۇ مەكتەپلەر "مەكتىپى بەكرىيە" دەپ ئاتالدى.
10 - باب مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مائارىپى
1933
- يىل 4 - ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ۋەزىيىتىدە يېڭى بۇرۇلۇش بارلىققا كەلدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يېڭى بىر دەۋرى باشلاندى. بۇ يېڭى مائارىپ
دەۋرىنىڭ ئالاھىدىلىكى توۋەندىكىچە: 1. پۈتۈن مائارىپ بىر تۇتاش رەھبەرلىك
ئاستىغا مەركەزلەشتۇرۇلدى. ئۇرۇمچىدە مائارىپ نازارىتى، ۋىلايەتلەردە
مائارىپ ئىدارىسى، ناھىيىلەردە مائارىپ بولۇمى تەسىس قىلىندى. 2. مەكتەپلەر
ئىككى سىستەما بويىچە باشقۇرۇلدى. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر "شەنلى
مەكتەپ"، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن (خەلق تەرىپىدىن) باشقۇرۇلىدىغان
مەكتەپلەر بولسا "ھۇيلى مەكتەپ" دەپ ئاتالدى. ئالدىنقىسىنىڭ مالىيە
ھىراجىتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن، كېيىنكىسىنىڭ بولسا ئوشرە - زاكات كىرىمىدىن
چىقىرلاتتى. 1935 - يىلدىن باشلاپ قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرى (ئۇرۇمچىدە
مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشما، ۋىلايەتلەردە ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشما،
ناھىيىلەردە شوبە ئۇيغۇر ئۇيۇشما) ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن
خېلى چوڭ ھەسسە قوشتى. مەسىلەن: شۇ دەۋرلەردە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى
باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ سانى 580 بولسا، ئۇيۇشما قارىمىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭ
سانى 1883 كە يەتكەن. ئالدىنقىسىدا ئوقۇغۇچىلار سانى 9333 بولسا،
كېيىنكىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 180 مىڭ 35 كە يەتكەن (2). يالغۇز باي
ناھىيىسىنىڭ ئۆزىدىلا "ئەينى زاماندا 30 جايدا باشلانغۇچ مەكتەپ، بىر
دارىلمۇئەللىمىن بولۇپ، تەمىناتى شۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن
بولاتتى" (3). 3. پەننىي دەرس بىلەن دىننىي دەرس ئايرىۋەتىلدى. 4.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى زور دەرىجىدە يۇقىرى
كوتۇرۇلدى. 5. ئاممىۋى ساۋات چىقىرىش، ئاممىۋى تەنھەرىكەت داغدۇغىلىق قانات
يايدۇرۇلدى. ھوتۇن - قىزلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى زور كولەمدە ئوستى.
6. دەسلەپكى يېڭى مائارىپتا ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ مۇھىم مەركىزى قەشقەر،
غۇلجا ۋە تۇرپان ئاستانە بولسا، "مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرى" دە ئۇرۇمچىگە
يوتكەلدى. 1934 - يىلىدىن باشلاپ ئۇرۇمچىدە ئولكىلىك دارىلمۇئەللىمىن،
شىنجاڭ دارىلفۇنۇنى، گىمنازىيە، قىزلار گىمنازىيىسى، ھەربىي مەكتەپ، ساقچى
كادىرلار مەكتىپى، شوپۇرلۇق مەكتىپى، رۇس تىلى گىمنازىيىسى، ئاۋىئاتسىيە
مەكتىپى، دوختۇرلۇق مەكتىپى، دارىلئەتام، مال دوختۇرلۇق مەكتىپى،
دەھقانچىلىق تەھنىكۇمى قاتارلىق ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى بىلىم يۇرتلىرى ھەمدە
ھەرقايسى مۇھىم كوچا - مەھەللىلەردە ئوغۇل - قىزلار باشلانغۇچ مەكتەپلىرى
قۇرۇلدى. 1934 - يىلىدىن باشلاپ چىقىشقا باشلىغان "شىنجاڭ گېزىتى"
(ئۇنىڭدىن بۇرۇن "تيەنشانباۋ" دەپ ئاتىلاتتى) ۋە ھەرقايسى ۋىلايەتلىك
گېزىتلەر ھەمدە ئولكىلىك سانايى نەپىسە تىياتىرى ۋە ۋىلايەتلىك دراما
ئومەكلىرى "مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرى" دىكى مىللىي مائارىپنىڭ كۈچلۈك
تەشۋىقات قورالى ئىدى. ئولكىلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ دەرس سەتكىسىغا
كىرگۇزۇلگەن دەرسلەرنىڭ تۇرى 20 خىلغا يېقىنلاشقانىدى. مەسىلەن: ئانا تىلى
(گرامماتىكا)، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، خەنزۇچە، ھېساب، ئالگەبرا، فىزىكا،
خىمىيە، بوتانىكا، سىياسىي - ئىقتىساد، زوئولوگىيە، ئاناتومىيە، تارىخ،
جۇغراپىيە، پەداگوگىكا، پسىھولوگىيە، شېئىر - مۇزىكا، رەسىم، تەنتەربىيە،
ھەربىي مەشىق... قاتارلىقلار. ئوقۇتقۇچى يەتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
ئۈچۈن ھەر بىر ۋىلايەتتىمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا دەرىجىلىك دارىلمۇئەللىمىنلەر
تەسىس قىلىنىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى يېتىشتۈرۇلدى، قىسقا
مۇددەتلىك بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسلىرى ئېچىلدى. 1934 - يىلدىن باشلاپ سوۋېت
ئىتتىپاقىغا ئىلگىرى - كېيىن ئۈچ قارار جەمئىي 300 گە يېقىن ئوقۇغۇچى
چىقىرىلىپ، ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەندى. ئۇلار ئېلىمىزگە قايتىپ كەلگەندىن
كېيىن، مىللىي مائارىپىمىز تايانچىلىرى بولۇپ كۆپ ھەسسە قوشتى. ئۇيغۇر يېڭى
مائارىپىنىڭ مۇشۇ گۇللەنگەن دەۋرىدە ليۇتچىكلار، ئاگرانوم، ئىنزجەنەرلار،
ئاتاقلىق ۋراچ - دوختۇرلار، پەداگوگلار، دراماتۇرگلار، شائىرلار،
مۇزىكانتلار، ئارتىست - ئارتىسكىلار ۋە تەرجىمانلار يېتىشىپ چىقتى. بولۇپمۇ
مۇشۇ دەۋر مائارىپىنىڭ مەۋىلىرى بولغان ئەر - ئايال مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار
تاكى كېيىنكى چاغلارغىچىلىك ئۇيغۇر مائارىپىدا يادرولۇق روللارنى ئويناپ
كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن يېرىم ئەسىر جان كويدۇرۇپ ۋە
قان - تەر سىڭدۇرۇپ ئىشلىگەن نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىمىز،
تەربىيىچىلىرىمىز ھەتتا پۈتۈن ھاياتىنى، مال - مۇلكىنى خەلق مائارىپى ئۈچۈن
بەغىشلىغان مەرىپەتپەرۋەر ئاتا - ئانا ۋە ئەجدادلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ ئىش
- ئىزلىرى بىزگە خېلىمۇ چوڭقۇر ئىلھام بەغىشلايدۇ. 1. ئايخان ئانا ۋە
ئايخان مەكتىپى ئايخان ئانا 1888 - يىلى غۇلجا شەھەر ئىچىدە تۇغۇلغان.
كېيىن دىنىي ۋە پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ ساۋاتىنى چىقارغان. ئۇ 1933 -،
1934 - يىللىرى دادىسى ۋە يولدىشىدىن قالغان مىراس تەئەللۇقاتنى سەرپ قىلىپ
غۇلجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە مەخسۇس يەتىم بالىلار ئۈچۈن مەكتەپ سالدۇردى.
بۇ مەكتەپ "غۇلجا ھەيرىيەت مەكتىپى" دەپ ئاتالدى. لېكىن كەڭ جامائەت بۇ
مەكتەپكە كېيىن "ئايخان مەكتىپى" دەپ نام بەردى. "ئايخان مەكتىپى" بارا -
بارا گۇللىنىپ، ئوقۇغۇچىلار سانى 300 گە يەتكەنىدى. بالىلارنىڭ پۈتۈن
تەمىناتى ئايخاندىن بولاتتى. ئوقۇغۇچى بالىلارغا بىر خىل ئاق كوڭلەك،
چورىسىگە ئاق زىغزىق تۇتۇلغان كوك شىم كىيگۇزۇلەتتى. ئوقۇغۇچىلار كوچىغا
چىققاندا كىشىلەر بىر قاراپلا "ئەنە ئايخاننىڭ بالىلىرى" دەپ سويۇنۇپ
سۆزلىشىپ كەتىشەتتى. شۇ چاغدا "ئىلى دەرياسى گېزىتى" سەھىپىلىرىدە ئايخان
ۋە ئايخان مەكتىپى توغرىسىدا نۇرغۇن شېئىر، ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. شائىر
ئىمىرخان غوجىنىڭ بىر شېئىرىدا مۇنداق مىسرالار يېزىلغان: كۇللىھۇ
نەپسانىيەتنى ئۆزىدىن جۇدا قىلغان ھەنىم، مەكتىپى ھەيرىيەت ئۈچۈن قان پىدا
قىلغان ھەنىم. يەنە شائىر پەرھەتى "ئۇيغۇر قىزى" سەرلەۋھىلىك شېئىرىدا
مۇنداق يازغان: ئوقۇ جانىڭ بارىچە شامۇ - سەھەر ئۇيغۇر قىزى، ئوقۇماي نادان
قەلىشتىن قىل ھەزەر ئۇيغۇر قىزى. ئورنەك ئال ئايخان ئاناڭدىن كاتتا ئەجرى
يولىدا، مەرىپەتكە ھەممىنى تەقدىم ئەتەر ئۇيغۇر قىزى. مەرىپەتپەرۋەر ئايخان
ئانا تەسىس قىلغان "ھەيرىيەت مەكتىپى" ھازىرغىچە 50 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا
ئىگە. بۇ مەكتەپ نەچچە مىڭلىغان ئوغۇل - قىز ئەۋلادلارنى يېتىشتۈردى.
مەرھۇم ئايخان ئانا ئىستىبدات ھاكىمىيەت تۇرمىسىگە چۇشۇپ ئەغىر ئازاب
ئىچىدە كەسەل بولۇپ ئولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تۇمەنلىگەن ئەۋلادلار
قەلبىدە مەڭگۇ ياشايدۇ. 2. زەينەپ خانىم زەينەپ خانىم 1921 - يىلدىن تاكى
1976 - يىلى دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر ئىلى مائارىپى سەپىدە يېرىم
ئەسىردىن ئارتۇق (55 يىل) قان - تەر ئاققۇزدى. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ
غۇلجا شەھىرىدىكى "نەمۇنە"، "سايرامىيە"، "ھەيرىيە"، "تائالىيە"، "مۇراد
مەكتىپى" قاتارلىق مەكتەپلەردە ئىشلەپ، ئونمىڭلىغان ئوسمۇرلەرنى تەربىيىلەپ
يېتىشتۈردى. ئۇنىڭ بۇ ئۆچمەس توھپىسى ئۈچۈن خەلق ئۇنى "زەينەپ ئانا" دەپ
ئاتىدى. ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ۋە ئازادلىقتىن كېيىن خەلق
ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا "قەھرىمان" ئوردەنى ۋە نۇرغۇن تەقدرىنامىلەرنى بېرىپ، بۇ
ئالىيجاناپ مۇئەللىمنى ھەقلىق رەۋىشتە مەدھىيىلىدى ۋە مۇكاپاتلىدى. "ئىلى
گېزىتى" دە 1935 - يىلى بىر يىل ئىچىدە ئۇنىڭ نەمۇنىلىك ئوقۇتۇش
پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرغان رەپىق ئاۋۇت قاتارلىق ئاپتورلارنىڭ بىرقانچە
ماقالىلىرى بېسىلىپ چىققانىدى، كېيىن "ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى"
تەرىپىدىن ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىنغان "ساداقەت" ناملىق ئوردەن ئۇنىڭ
باغۋەنلىك ئەجرىنى ئەمەلىي ھۇلاسىلىگەنىدى. ئازادلىقتىن كېيىن ئۇ تەھىمۇ
جۇشقۇن روھىنى جارى قىلىپ، تەلىم - تەربىيە ساھەسىدە كۆپ ئەجىر سىڭدۇردى.
شۇ سەۋەبتىن، ئۇ 1956 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ۋە مەملىكەتلىك ئىلغارلار
قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ مەداللار بىلەن مۇكاپاتلاندى. 3. رەشىدە خانىم رەشىدە
خانىم 1912 - يىل 7 - ئايدا غۇلجىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بوۋىسى سادىق غوجا
مەرىپەتپەرۋەر ھەم تارىخ پەنلىرىدىن كۆپ خەۋەردار كىشى ئىدى. رەشىدە خانىم
ئەنە شۇ بوۋىسىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسكەن. غۇلجىدىكى تاتار مەرىپەتپەرۋەر
دەموكرات زىيالىيلار تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان (1910 - يىلى) مەشھۇر تاتار
مەكتىپى رەشىدە خانىمنىڭ ئوقۇپ يەتىلگەن مەكتىپى بولدى. ئۇ بۇ مەكتەپتە
1919 - يىلىدىن 1928 - يىلغىچە ئوقۇپ، ئوتتۇرا مەلۇماتقا ئەرىشتى. رەشىدە
خانىم بۇ مەكتەپنى ئەلا پۇتتۇرگىنى ئۈچۈن 1928 - يىلدىن باشلاپ شۇ
مەكتەپنىڭ ئۆزىدە مۇئەللىم بولۇشقا باشلىدى. ئۇچ يىلدىن كېيىن (1931 -
يىلى) سوۋەت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا بېرىپ، تاشكەنت پەداگوگىكا
ئۇنىۋەرسىتەتىنىڭ فىزىكا - ماتېماتىكا فاكۇلتەتىغا كىرىپ ئوقۇدى. 1933 -
يىلنىڭ ئاخىرىدا غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، يەنە شۇ ئانا مەكتىپىدە
ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 1935 - يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۇرۇمچىگە كېلىپ، 1939 - يىل
كۇز پەسلىگىچە ياڭھاڭ قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى ۋە قوشۇمچە
قىزلار 1 - گىمنازىيىسى (خەنزۇ مەكتىپى) گە ئۇيغۇرچە دەرس ئوتتى. 1939 -
يىلى ئىلىغا قايتىپ بېرىپ تاكى 1943 - يىلدىن 1946 - يىلغىچە نىلقا قىزلار
مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولدى. بىتىم بولغان مەزگىلدە (1946 - يىلى) ئۇرۇمچىگە
كېلىپ، مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش پائالىيىتىگە قىزغىن قاتنىشىپ،
مىللىي قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى (دارىلمۇئەللىمىن سىنىپلىرىمۇ بار) نى قۇرۇپ
چىقتى. رەشىدە خانىم بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغاننىڭ سىرتىدا يۇقىر
سىنىپلىرىغا ئالگەبرا ۋە فىزىكىدىن دەرس ئوتتى. 1951 - يىلى يوتكىلىپ
شىنجاڭ ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 1 - ئورۇنباسار مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەندىن
كېيىنمۇ، بۇ بىرلەشمىنىڭ ھوتۇن - قىزلار ۋە بالىلار مائارىپىنى
باشقۇرىدىغان پاراۋانلىق بولۇمىگە مەسئۇل بولدى. 1955 - يىلى ئۇ خىزمەت
ئەھتىياجى بىلەن مەركەزگە يوتكىلىپ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ
بالىلار مائارىپىغا غەمھورلۇق قىلىش بولۇمىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى بولۇپ
ئىشلىدى. ئۇ، 1947 - يىلى ئۇرۇمچى غالىبىيەت يولىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر
تۇنجى بالىلار باغچىسىنىڭ تەسىس قىلغۇچىسى ۋە شۇ باغچىنىڭ تۇنجى
مەسئۇللىرىدىن بىرى ئىدى. رەشىدە خانىم بالىلار مائارىپىغا چىن قەلبىدىن
كوڭۇل بولۇپ، 1982 - يىلى ئۇرۇمچىدە بالىلار سارىيى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
ۋە ئوز مائاشىدىن توپلىغان پۇلدىن بالىلار مائارىپى ئۈچۈن 5000 يۇئەن
ياردەم قىلدى 4. ھەمىت ۋەكىلى ھەمىت ۋەكىلى ئىلى ۋە چوچەك ۋىلايەتلىرىدە 50
يىل مائارىپ ھىزمىتىنى ئىشلىدى. ئۇ 1930 - يىلدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ،
تۇمەنلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلىدى. تالانتلىق ۋە ئىجتىھاتلىق بۇ
مەرىپەتچى ئۇيغۇرچە، تاتارچە، قازاقچە، ئەرەبچە، پارسچە، تۈركچە ۋە رۇسچە
تىللارنى پىششىق بىلەتتى ۋە شۇ تىللاردىكى دەرسلىك ماتەرىياللاردىن تولۇق
پايدىلىناتتى. ھەمىت ۋەكىلى 1934 - يىلدىن باشلپ غۇلجىدىكى مەشھۇر "نەمۇنە
مەكتىپى" گە رەھبەرلىك قىلىپ، پۈتۈن ئىلى مائارىپىغا نەمۇنە ياراتقانىدى.
ئۇنىڭ ئۇلگىسى بويىچە شۇ چاغدىكى "تائالىيە"، "كەشپىيە"، "سايرامىيە"،
"ھۇسەينىيە"، "روشەن"، "گۇلشەن" قاتارلىق مەكتەپلەر قايتا رەتكە سەلىنىپ،
تەز راۋاجلاندى. ھەمىت ۋەكىلى تىل - ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، تارىخ،
جۇغراپىيە دەرسلىرىنى پىششىق بىلىش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى فىزىكا،
خىمىيە، ئاناتومىيە، بىئولوگىيە پەنلىرىنىمۇ پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇ چاغدا
دەرسلىك ماتەرىياللار كەم بولغاچقا، ئالگەبرا ۋە گىئومەترىيە قاتارلىق
پەنلەردىن ئۆزى كونسپىك تۈزۈپ چىققان. ھەمىت ۋەكىلى 1947 - يىلدىن باشلاپ
"غۇلجا بىلىم يۇرتى" دا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى ۋە فىزىكا، خىمىيە،
تىرگىنومەترىيە... پەنلىرى ئۈچۈن 1000 بەتتىن ئارتۇق دەرسلىك تەييارلىدى.
ئۇ ئازادلىقتىن كېيىن ئالگەبرا ۋە ئانالىتىك گىئومەترىيە قاتارلىق دەرسلەر
ئۈچۈن 800 بەتتىن ئارتۇق ئوقۇتۇش قوللانمىسى ئىشلەپ چىقتى. ئۇ نۇرغۇن قېتىم
نەمۇنىلىك مائارىپچى دېگەن شەرەپكە ئىگە بولدى. مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرىدە
مىللىي مائارىپنىڭ ئەڭ ئاساسىي رولچىسى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى ۋە
ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ (1916 - 1943) ئىدى. لىن جىلۇ 1938 - يىلنىڭ
بەشىدا شىنجاڭ دائىلفۇنۇنىنىڭ ئىلمىي مۇدىرلىقنى ئۇستىگە ئالغان، "ئۆگىنىش
بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش" تىن ئىبارەت تەلىم - تەربىيە فاڭجېنىنى
ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە "ئىتتىپاق بولۇش، جىددىي بولۇش، ئاددىي - ساددا
بولۇش، روھلۇق بولۇش" دىن ئىبارەت مەكتەپ نىزامنامىسىنى يۇرگۇزگەن. ئۇ
كوتۇرەڭگۇ - روھلۇق مەزمۇندىكى "دارىلفۇنۇن مەكتەپ ناھشىسى" نى تۈزۈپ
چىققان. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭ دارىلفۇنۇنى جۇشقۇن كەيپىياتلىق بىلىم
يۇرتىغا ئايلانغان. لىن جىلۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىگە مەسئۇل
بولغان ۋە ئۇچتۇرپان، كۇچا ناھىيىلىرىگە ھاكىم بولغان چاغلىرىدىمۇ مىللىي
مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا چوڭ ئىشلارنى قىلدى. "مىللىي بىرلىك سەپ
دەۋرى" دىكى گۇللەنگەن مائارىپ قوينىدا يېتىشىپ چىققان تالانتلىق ئۇيغۇر
پەرزەنتلىرىدىن ئابدۇكەرىم ئابباسۇف (1920 - 1949)، لۇتپۇللا مۇتەللىپ
(1922 - 1945)، ئابدۇللا روزى (1919 - 1945) قاتارلىق نۇرغۇن ئىنقىلابىي
مەرىپەتپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ يەتىلىشىدە لىن جىلۇنىڭ ئىنقىلابىي مائارىپ
تەربىيىسىنىڭ بىۋاسىتە كۈچلۈك تەسىرى بولدى. ئاتاقلىق مائارىپچى ۋە
ئىنقىلابىي قۇربان ئابدۇللا روزى شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ كوزگە
كورۇنگەن ناماياندىلىرىدىن بىرى. ئابدۇللار روزى 1919 - يىلى ئۇچتۇرپاندا
كىچىك تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بوۋىسى ئاتۇش مەشھەتلىك ئىدى. ئۇ
1935 - يىل باھاردا ئۇچتۇرپاندىكى تۇنجى دارىلمۇئەللىمىن (ئۇ چاغدا بۇ
مەكتەپ ئىككى سىنىپلىق قىسقا مۇددەتلىك ئىدى) نى ئەلا تۇگىتىپ،
"ئەلىيۇلئەلا" (ھەممىدىن بىرىنچى) بولۇپ مۇكاپاتلانغان. ئەينى زاماندا ئۇنى
ئوقۇتقان بۇ مۇئەللىمنىڭ ئەسلىشىچە، شۇ چاغدا "ئۇنىڭدەك زەرەك، پاراسەتلىك
ئوسمۇرنى كورۇپ باقمىغان" ئىكەن. ئابدۇللا روزى ئۇچتۇرپان
دارىلمۇئەللىمىننى تۇگىتىپ، يېزىلاردا مۇئەللىملىك قىلدى. دەل شۇ چاغدا
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋەرسىتەتىغا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش ئۇقتۇرۇشى كەلگەنىدى.
ئۇچتۇرپاندىن ئىمتىھاندا ئەلا ئوتكۇنلەر ئابدۇللا روزى، ئابدۇكەرىم
ئابباسوف بولدى. ئاقسۇ كونىشەھەردىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئوتكەنلەر
مەۋلانجان تۇردى، ھاشىمجان ئاھۇنجان، ئەھمەت ھەسەنۇف قاتارلىقلار ئىدى.
بىراق كېيىنكىلەر ئۇرۇمچىگە دەل ۋاقتىدا يېتىپ بارغان بولسىمۇ، ئالدىنقى
ئىككىيلەن ۋاقتىدا ئۇلگۇرۇپ بارالماي، ئۇرۇمچىدە قېلىپ ئوقۇشقا مەجبۇر
بولدى. 1936 - يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئابدۇللا روزى ئولكىلىك
دارىلمۇئەللىمىنگە كىرىپ ئوقۇدى. ئۇ ھەم تەبىئىي پەندە ھەم ئىجتىمائىي
پەندە تەزلا ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئوتتى. يەنە كېلىپ ئۇ پەلسەپە
(ماتەرىيالىستىك دۇنيا قاراش) ساھەسىدە ئەڭ ئۇستا ناتىق ئىدى. ئۇ ھەممە
جەھەتتە ياخشى بولغاچقا، پۈتۈن ساۋاقداشلىرى ئۇنى ھۆرمەتلەپ "داھىي
ئوقۇغۇچى" (ئوقۇغۇچىلار داھىيسى) دەپ ئاتىشاتتى. شۇ چاغدىكى "شىنجاڭ
گېزىتى" دە ئۇنىڭ قىسقا ماقالىلىرى بەسىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ پوچۇركىسى
ھۇددىي ئۆزىنىڭ كەلىشكەن قامىتىدەك چىرايلىق ئىدى. ئابدۇللا روزى بىر
ماقالىسىدە تۇنجى قېتىم "ئارزۇ" دېگەن تەھەللۇسنى قوللانغىنىدىن كېيىن،
ساۋاقداشلىرى ئىچىدە بۇ تەھەللۇس كەڭ تارقىلىپ كەتتى. ئولكىلىك
دارىلمۇئەللىمىننىڭ بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيۇشتۇرغان بىر
ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئىسمىمۇ كېيىنچە بېرىپ مۇشۇ تەھەللۇس بىلەن
ئاتىلىدىغان بولدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئوتمەي مەكتەپ "تەرتىپ بولۇمى" نىڭ
يوشۇرۇن چارلاپ بەكىتىشى ئارقىسىدا بۇ ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى "ئەكسىيەتچىل"
دەپ قارىلاندى. ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەسىس قىلغۇچىسى بولغان ئابدۇللا
روزى سىياسىي توھمەت بىلەن ماناسقا پالىۋەتىلدى. ئابدۇللا روزى ماناسقا
پالىنىپ كېلىپ ئۇزۇن ئوتمەي كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ باشپاناھلىق قىلىشىغا
ئەرىشتى. 1938 - يىل كۇز مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئابدۇللا روزى ناھىيىلىك
مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مائارىپ مۇپەتتىشى، قوشۇمچە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش
كاتىپى بولۇپ ئىشلىدى. ئابدۇللا روزى ئۆزىگە يۇكلەنگەن قوش خىزمەت
ئىمتىيازىدىن جىددىي پايدىلىنىپ، بۇ ناھىيىنىڭ بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىغىچە
ئارىلاپ بېرىپ مەكتەپ تورلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. چوڭلار مائارىپىغىمۇ كوڭۇل
بولۇپ، ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش ھەرىكىتىنى ئەۋج ئالدۇردى. غەپلەتكە،
نادانلىققا ۋە جاھالەتكە قارشى مەزمۇندا "تومۇر ئاكا ئويغاندى" ناملىق
درامىنى يېزىپ چىقىپ، سەھنىلەشتۇرگەندىن كېيىن، بۇ دراما پۈتۈن ناھىيىنى
زىلزىلىگە كەلتۇرۇۋەتتى. ئارىدىن توپ - توغرا يېرىم ئەسىر ئوتۇپ كەتكەن
مۇشۇ كۇنلەردىمۇ ئۇرۇمچى، ماناس، قۇتۇبى، ئالاۋۇسۇن قاتارلىق جايلاردا
كىشىلەر ئابدۇللا روزى ۋە ئۇنىڭ پەداگوگىكىلىق درامىسى - "تومۇر ئاكا
ئويغاندى" نى ئەغىزىدىن چۇشۇرۇشمەيدۇ. ئابدۇللا روزى 1940 - يىلىنىڭ
ئاخىرلىرىدا ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ ئاقسۇغا كېلىپلا ۋىلايەتلىك
مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باش مائارىپ ئىنسپەكتورى (مەكتەپ مۇپەتتىشى)، جۇملىدىن
ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭمۇ مۇپەتتىشى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ
بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، پۈتۈن ناھىيىلەردىكى مەكتەپلەرنى ئەمەلىي
تەكشۈرۈش چىقىپ، 1941 - يىلنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 1942 - يىلنىڭ باشلىرىدا ئاقسۇ
گېزىتىدە "تەلىم - تەربىيە ئوچەركلىرى" سەرلەۋھىلىك ئۇزۇن ماقالىسىنى ئېلان
قىلدى. بۇ ماقالە ئەتراپلىق مەسىلىلەرنى ئوز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن يېرىم
ئايغىچە ئايىغى ئۇزۇلمەي بەسىلغان ۋە پۈتۈن ۋىلايەت ھەتتا چەت
ۋىلايەتلەردىمۇ چوڭ تەسىر قوزغىغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئابدۇللا روزى
ئىنسپەكتورلۇق ھوقۇقىدىن توغرا پايدىلىنىپ يېرىم يىل ئىچىدە مەكتەپ
تەشكىلىنى رەتكە سېلىپ چىقتى. ئۇ چاغلاردا ئىنسپەكتورلاردا شۇنداق ئىمتىياز
بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ يازلىق ۋە قىشلىق تەتىللىك بىلىم ئاشۇرۇش
كۇرسلىرىنى تەشكىللىدى ۋە بۇ كۇرسلاردا ماتېماتىكا ھەم تىل - ئەدەبىيات
دەرسلىرىنى ئوتتى. ئۇ ئەمەلىي پائالىيەتلىرى ئارقىسىدا پۈتۈن ۋىلايەت
بويىچە تەز شۆھرەت قازاندى. ئوقۇتقۇچىلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 1943
- يىل 9 - ئايدا رەسمىي ئۇچ سىنىپ، بىر بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدىن تەشكىل
تاپقان ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى دولان دەرياسى بويىدىكى يېڭى بىنادا
تەنتەنە بىلەن قايتا ئەسلىگە كەلتۇرۇلدى. ئۇنىڭ تۇنجى ئىلمىي مۇدىرى
ئابدۇللا روزى ئىدى. شۇ يىلنىڭ كەچ كۇزىدە ئوت يۇرەك شائىر لۇتپۇللا
مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇغا كەلىشى بىلەن بۇ يەردە كۈچلۈك دولقۇن پەيدا قىلدى.
ئابدۇللا روزى ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئوھشاش جەڭگىۋار زىيالىيلارنىڭ
جاھالەتكە قارشى كۇرەشلىرى ۋە ئىجادىيەتتىكى ھەمكارلىقى ئارقىسىدا پۈتۈن
ئولكە ھاراكتەرلىك چوڭ ئىشلار مۇشۇ ئاقسۇدا مەيدانغا كەلدى. قىسقىغىنا
ئىككى - ئۇچ يىل ئىچىدە ئاقسۇدا چوڭ ھەجىملىك ئوپەرا - درامىلاردىن 10
نەچچىسى سەھنىلەشتۇرۇلۇپ، ئاقسۇ شىنجاڭ بويىچە "دراما - ئوپەرا شەھىرى" گە
ئايلاندى. بۇ جەھەتتىن ئاشۇ بىر مەزگىل ئىچىدە، ئۇنىڭغا نە قەشقەر، نە
ئۇرۇمچى يەتىشەلمەيتتى. مۇشۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھاسىل بولۇشىدا مەرھۇم
ئابدۇللا روزى يەتەكچىلىكىدىكى ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن چوڭ ھەسسە قوشقان. بۇ
مەكتەپ چوڭ تىپتىكى "غەرىپ - سەنەم ئوپەراسى" نى تەييارلىغاننىڭ سىرتىدا،
ئابدۇللا روزى يازغان مەشھۇر "ئوگەي ئانا" درامىسىنى سەھنىلەشتۇرۇپ پۈتۈن
ۋىلايەتنى زىلزىلىگە كەلتۇرگەن. شۇنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش كېرەككى، ل.
مۇتەللىپ بىلەن ئابدۇللا روزىنىڭ غايىسى دراما - سەنئەت دولقۇنى ئارقىلىق
خەلقنى ئويغىتىش ئىدى. لېكىن، ئۇلار ئىلىم - مەرىپەتنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ
قويمايتتى. بۇ جەھەتتە مۇنداق بىر جانلىق مىسالنى كورسىتىپ ئوتۇش كۇپايە،
بىر كۇنى بىر توپ ئوقۇغۇچىلار لۇتپۇللا مۇتەللىپنى دارىلمۇئەللىمىننىڭ يېڭى
بىنا مەيدانىدا ئارىغا ئەلىۋەلىپ، شائىرنىڭ رەسساملىق ماھارىتىنى سىناپ
كورمەكچى بولۇشىدۇ. لۇتپۇللا دەرھال ماقۇل بولىدۇ -دە، خېلىقى
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەگەشتۇرۇپ سىنىپقا كىرىدۇ ۋە قولىغا بور ئېلىپ، قارا
دوسكىغا رەسىم سىزىشقا باشلايدۇ: ئوڭ تەرەپكە كىتاب كورۇۋاتقان ئىلاھىي
قىزنى، سول تەرەپكە مەۋىلىرى قىزىرىپ پىشقان ئالما دەرىھىنى بەش مىنۇت
روزىگادا سىزىپ چىقىدۇ. ئىلاھىي قىزنىڭ ئۇستى تەرىپىگە "مۇزەيۇس" دېگەن
سۆزنى يېزىپ قويىدۇ - دە، سىنىپتىن ئالدىراش چىقىپ كەتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ھاڭ
- تاڭ بولۇشۇپ، رەسىمدىن مەنە تاپالماي، ئابدۇللا روزىنىڭ شەرھىلەپ
بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئابدۇللا روزى بۇ تەپىشماقنى يەشىپ بېرىدۇ:
خېلىقى سۇرەتتىكى ئىلىم - پەننىڭ پىرى "مۇزەيۇس" ناملىق ئىلاھىي قىز ئىكەن.
ھازىرقى مۇزەي دېگەن ناممۇ شۇنىڭدىن كېلىپ چىققانىكەن. رەسىمدىكى مەنە:
پەقەت كىتاب ئوقۇغاندا ۋە بىلىم ئالغاندىلا ئاندىن مەۋىگە ئەرىشەلەيدۇ،
دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۇرىدىكەن. بۇ جاۋابتىن بەھرىمەن بولغان ئوقۇغۇچىلار بۇ
ئىككى ئۇستازنىڭ ئىقتىدارى ۋە مول بىلىمىگە ھەيران قەلىشقان. ئابدۇللا روزى
يەنە "ئارزۇ" تەھەللۇسى بىلەن ئاقسۇ گېزىتىدە نۇرغۇن جەڭگىۋار شېئىرلارنى
ئېلان قىلدى. "ئاپرەل ئوزگىرىشىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى"، "كەلپىن ۋە
دولان شىۋىلىرى" ناملىق ئىلمىي ئەسىرىنى يازدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ لۇتپۇللا
مۇتەللىپ بىلەن ھەمكارلىشىپ يازغان "ئۇيغۇر ئەدەبىياتى" ناملىق ئەسىرى
دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئەينى يىللاردىكى بىردىنبىر مۇھىم دەرسلىكى ئىدى. ئۇ،
بۇ دەرسنى ئۆزى بېرەتتى. دەرسلىك ئىچىگە كىرگۇزۇلگەن شېئىرىي زجانىرلار
ئۈچۈن كۆپىنچە ل. مۇتەللىپ ۋە بىلال ئەزىزنىڭ ئىنقىلابىي مەزمۇن بىلەن
يوغۇرۇلغان شېئىرلىرى مىسال قىلىپ كىرگۇزۇلگەنىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە لۇتپۇللا
مۇتەللىپنىڭ "شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەھ" ناملىق شېئىرىمۇ بار ئىدى. بۇ
شېئىرنىڭ ھەر بىر كۇپلەتىنىڭ باش مىسراسىدىكى بىرىنچى ھەرپنى تەرىۋەلىپ
قوشقاندا "ياشاش ئۈچۈن كۇرەش" دېگەن ئىنقىلابىي شوئار چىقتى. ئۇنىڭ ئۆزى
يازغان بىر مۇۋەششەھ شېئىرىدىن "كۇچ ئۇلاش" دېگەن ياڭراق يەكۇن چىقاتتى.
"ياشاش ئۈچۈن كۇرەش"، "كۇچ ئۇلاش" - ماركسىزم پرىنسىپىغىمۇ، دارۋىنىزم
پرىنسىپىغىمۇ ئۇيغۇن كەلەتتى. ئابدۇللا روزى مۇشۇ ئۇلۇغۋار غايىنى باش
ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرغانىدى. ئۇنىڭ ئۆزى دەل مۇشۇ جەڭگىۋار غايىنىڭ
تۇرتكىسىدە يېقىن دوستى ۋە سەپدىشى لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىرلىكتە
"ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى" ناملىق ئىنقىلابىي تەشكىلاتنى ئۇيۇشتۇرغانىدى. ئۇلار
ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ماسلىشىپ قوراللىق قوزغىلاڭ كوتۇرۇش يولىدا مەھپىي
ھەرىكەت ئېلىپ بەرىۋاتقان چاغدا، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن
قولغا ئەلىنىپ، 1945 - يىلى تەررورلۇق بىلەن ئولتۇرۇپ تاشلاندى. ئابدۇللا
روزى شۇ چاغدا 26 ياشتا ئىدى... 1942 - يىلدىن كېيىن سىياسىي ۋەزىيەت
كەسكىن ئوزگىرىپ، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار
ئارقا - ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىندى ۋە تۇرمىلەرگە تاشلىنىپ ئولتۇرۇۋەتىلدى.
شۇنداق قىلىپ، "مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرى" دە بىر مەھەل گۇللەنگەن مائارىپ
ھاراب بولۇپ كەتتى، مەكتەپلەر تاقالدى، ئوقۇتقۇچىلار ئىشسىز قالدى،
نادانلىق ۋە جاھالەت قايتىدىن باش كوتۇردى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇچ ۋىلايەت
ئىنقىلابىي رايونىدا مىللىي مائارىپ گۇللەپ ياشنىدى. مائارىپ ۋە
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى كۇنسايىن ئوستى. ئوقۇتقۇچىلىق ئەڭ شەرەپلىك خىزمەت
دەپ تونۇلدى ۋە ھۆرمەت قىلىندى. مەرھۇم ئەھمەتجان قاسىمى مۇنداق دېگەنىدى:
"سىنىپتا قالاق ئوقۇغۇچى قالمىسۇن دەپ يۇرەك قەنىنى سەرپ قىلىپ
تىرىشىۋاتقان ئوقۇتقۇچى مەھنىتىنىڭ قانچىلىك قىيىن ۋە جاپالىق ئىكەنلىكىنى
ياخشى بىلىمەن. كىشىلىك جەمئىيىتىدە مۇئەللىمنىڭ مەھنىتىدىن پەھىرلىكرەك
مەھنەت يوقتۇر، چۈنكى، ئالىم، مۇتەھەسسىس، يازغۇچى، قوماندان، جەمئىيەت،
دۆلەت ئەربابى ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچى مەھنىتىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر."
ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىلىدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ
مەكتەپلەرنىڭ سانى 295 كە، سىنىپ سانى 980 گە، ئوقۇتقۇچىلار سانى 1051 گە،
ئوقۇغۇچىلار سانى 28 مىڭ 345 كە يەتكەن بولسا، 1949 - يىل 9 - ئايدا
مەكتەپلەرنىڭ سانى 342 گە، سىنىپ سانى 1321 گە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 1413
كە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 39 مىڭ 269 غا يەتىپ بارغانىدى. 1950 - يىلى
جەدۋەللەشتۇرۇلگەن سانلىق مەلۇماتتا ئىلى ۋىلايىتى بويىچە باشلانغۇچ
مەكتەپلەردە 1134 سىنىپ، 39 مىڭ 734 ئوقۇغۇچى، تولۇقسىز ئوتتۇرا
مەكتەپلەردە 180 سىنىپ، 4938 ئوقۇغۇچى؛ ئەھمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم
يۇرتى، تىببىي مەكتەپ، ھۇنەر - كەسىپ مەكتىپى ۋە رۇس مەكتەپلىرىدە
ئوقۇيدىغان 2096 ئوقۇغۇچى قوشۇلۇپ، جەمئىي 46 مىڭ 768 كىشىلىك ئوقۇغۇچىلار
قوشۇنى بولغانىدى. ئۇ چاغدا غۇلجا شەھەر ئىچىدىكى ئاتاقلىق باشلانغۇچ
مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان "مۇراد مەكتىپى" 27 سىنىپقا كۆپەيگەنىدى. ئۇچ
ۋىلايەت مائارىپىدا قىسقىلا بىر ۋاقىت ئىچىدە ئوتتۇرا مەلۇماتلىق تەبىئىي
پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى، دوختۇر، ۋراچلار، رادىست،
پوچتاليونلار يېتىشىپ چىقتى، ئۇلار تاكى كېيىنكى كۇنلەرگىچە ئۇيغۇر
مائارىپىنىڭ يادرو كۇچلىرىدىن بولۇپ مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇچ ۋىلايەت
ئىنقىلابىنىڭ قىزغىن قاتناشچىسى - مەرىپەتپەرۋەر شائىر نىمشەھىتنىڭ "بىلىم
ئىشقىدا" سەرلەۋھىلىك توۋەندىكى شېئىرى ئەينى زاماندا ئىنتايىن كۈچلۈك
تەسىر قوزغىغان مەرىپەت ھىتابى ئىدى. جاھان رەنالىرى ئىچىرە بىلىمدەك بىر
گۇزەل يار يوق، بىلىمدىن ئوزگە تۇتقان بار، بولۇر ئۇ گاھىدا يار - يوق.
قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىرنەچچە كۇن يولداش، ئەگەر سەن پۇلدىن
ئايرىلساڭ، سەنى تاشلايدۇ ھېچ ئار يۇق. كىرىپ نەپسىڭنىڭ كەينىگە، بىلىمدىن
ئوزگە يار تۇتساڭ، بەشىڭغا چۇشسە بىر كۇنلەر، ئۇ چاغدا سەن كەبى ھار يوق.
بىلىمگە ئاشنا بولسا، ئوقۇش ئىشقىدا بۇلبۇل بول، ئۆگەنمەككە مائارىپ
باغچىسىدەك ئەسلى گۇلزار يوق. ئوزەڭنى نىمشەھىت ئۇشبۇ پىكىرگە ئەيلىگىن
قۇربان، بىلىمدىن يۇز ئورىگەنلەر كەبى قاتتىق گۇناھكار يوق... ئىزاھاتلار:
(1) مىللىي بىرلىك سەپ - ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدە
قۇرۇلغان مىللىي بىرلىك سەپنى كورسىتىدۇ. (2) (3) "شىنجاڭ تارىخ
ماتېرىياللىرى" 1982 - يىل، 5 - سان 176 - بەت، 180 - بەت.
11 - باب سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق
بىز
يۇقىرىدا 1949 - يىلغىچە بولغان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ئۇستىدە قىسقىچە
توختالدۇق. ئازادلىقتىن كېيىنكى مائارىپ تەرەققىياتى توغرىسىدا باشقا بىر
كىتابىمىزدا تونۇشتۇرماقچىمىز. مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتى ۋە مائارىپ
تارىخشۇناسلىقىدا ئەڭ مۇھىم ئىلمىي ئۇسۇل سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق
مېتودى ھېسابلىنىدۇ. ھەربىر مائارىپچى بۇ ھەقتە زۆرۈر ساۋاتقا ئىگە بولۇشى
كېرەك. چۈنكى، سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىلمى بىزگە مائارىپ
تەرەققىياتىدىكى سان بىلەن سۈپەت ئوتتۇرىسىدىكى، جايلار بىلەن جايلار
ئوتتۇرىسىدىكى، دەۋرلەر ئوتتۇرىسىدىكى، ئېلىمىز مائارىپى بىلەن باشقا
ئەللەر مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. مەشھۇر
سېلىشتۇرما مائارىپشۇناس بەرىداي: "باشقىلارنى چۈشىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى
چۇشىنىۋالغىلى بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق
ئىلمى بەكمۇ قىممەتلىك" دېگەنىدى. يەنە بىر سېلىشتۇرما مائارىپشۇناس
كاندەل: "سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق مائارىپ تارىخىنى ئۇزۇلدۇرمەسلىكنى
مەقسەت قىلىدۇ..." دەيدۇ. سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىلمى قەدىمقى
يۇناندىن باشلانغان. قەدىمقى يۇناننىڭ مەشھۇر تارىخچىسى سەنوپون (سەنوپون)
ئۆزىنىڭ "پادىشاھ سەروسنىڭ تەرجىمھالى" ناملىق ئەسىرىدە: پەرسىيە
ياشلىرىنىڭ تەربىيە ئەھۋالى، ئۇ يەردىكى مائارىپ خىزمەتلىرى، پەرسىيە بىلەن
يۇنان مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، ئىككى خىل مائارىپنىڭ مەقسىتى،
تەشكىلىي تۈزۈملىرى... قاتارلىق ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرما مەتودى بويىچە
تەپسىلىي بايان قىلغان. قەدىمقى رىمنىڭ ئاتاقلىق سىياسەتچىسى سىستىرۇن
(مىلادىدىن ئىلگىرىكى 100 - 43 - يىللار) ئۆزىنىڭ "جۇمھۇرىيەت تۇزۇلمىسى"
ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە قەدىمكى يۇنان مائارىپى بىلەن رىم مائارىپىنى
سېلىشتۇرۇپ تەسۋىرلىگەن. ئوتتۇرا ئەسىردە تۇنىسلىق ئالىم كاردۇن شەرق
مۇسۇلمان مائارىپى بىلەن غەرب مائارىپىنى سېلىشتۇرغان. لېكىن، سېلىشتۇرما
مائارىپشۇناسلىقنى بىرىنچى قېتىم سىستەمىلىق پەن قاتارىغا كوتۇرگەن
فرانسىيىلىك مەشھۇر پەداگوگ ئانتۇنى جۇللىيان (8481 -- 5771 ئانتونى
جۇللىئەن) بولدى. ئۇ 1817 - يىلى "سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق" ناملىق
مەشھۇر ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئەسەرنىڭ تەسىرىدە ھەرقايسى ئەللەر
مائارىپچىلىرى ئوزئارا نازارەت قىلىش، ئوز ئەلىنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىنى
باشقا ئەللەرنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىگە سېلىشتۇرۇش دولقۇنىنى ئەۋج
ئالدۇرۇۋەتتى. 1831 - يىلى يەنە بىر فرانسۇز پەداگوگى ۋىكتۇر (1792 - 1867
- يىللار) "پروسسىيە مائارىپى" ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ كىتاب
نۇرغۇن ئەللەرنىڭ مائارىپچىلىرى ئىچىدە تەھىمۇ زور تەسىر قوزغىدى. 20 -
ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق 2 - باسقۇچقا كوتۇرۇلدى.
مەشھۇر ئىنگلىز پەداگوگى سادلىر (3491 -- 1681 مىچھائەل سەدلەر) "مائارىپ
مەسىلىلىرى" ناملىق 28 توملۇق ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئەسەردە ئۇ
ھەرقايسى مەملىكەتلەرنىڭ مائارىپ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇپ بايان
قىلدى. 1898 - يىلدىن باشلاپ سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئامەرىكىدا ئالىي
مەكتەپلەرنىڭ رەسمىي دەرسلىكىگە كىرگۇزۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى
ئەللەردە مەخسۇس سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق تەتقىقات ئورگانلىرى تەسىس
قىلىنىشقا باشلىدى. مەخسۇس مەجمۇئەلەر چىقىرىلىدىغان بولدى. بىرلەشكەن
دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن "دۇنيانىڭ مائارىپ ئەھۋالى" دېگەن نامدا كۆپ
توملۇق كىتاب نەشر قىلىندى. سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات مەتودى
توۋەندىكى ئۇچ كاتەگورىيىگە بولۇنىدۇ: 1. ۋەرتىكال (مەردىئان) سېلىشتۇرۇش
مەتودى: بۇ مەتود بويىچە بىر دۆلەت ياكى بىر رايوننىڭ دەۋرىي باسقۇچلىرى
بويىچە سېلىشتۇرۇپ بايان قىلىش ئۇسۇلى يۇرگۇزۇلىدۇ. 2. گورىزۇنتال
(پاراللەل) سېلىشتۇرۇش مەتودى: بۇ مەتود بويىچە رايونلار بىلەن رايونلار،
دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر سېلىشتۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: 1982 -
يىللاردىكى سانلىق مەلۇمات بويىچە ئالغاندا، خوتەن ۋىلايىتىدە ھەر 10 مىڭ
كىشىگە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 40، قەشقەردە 54، ئالتايدا 170،
قۇمۇلدا 203، ئاقسۇدا 73، قىزىلسۇدا 75، تۇرپاندا 99 ۋە ئۇرۇمچىدە 224 دىن
توغرا كېلىدۇ. يەنە 1980 - يىلى شىنجاڭدا ھەر 10 مىڭ كىشىگە ئالىي مەكتەپ
ئوقۇغۇچىلىرى 10، قازاقىستاندا 157، ئوزبەكىستاندا 174، ئاۋسترالىيىدە 230
دىن توغرا كېلىدۇ. شۇ يىللاردا ئا ق ش دا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھەر 10
مىڭ كىشىگە 269، سوۋەت ئىتتىپاقىدا 196، دەموكراتىك چاۋشيەندە 155، جۇڭگودا
10.5، تۈركىيىدە 68 دىن توغرا كېلىدۇ. 3. تەھلىل يۇرگۇزۇش مەتودى: بۇ مەتود
بويىچە ئاھبارات - ماتەرىياللار توپلىنىدۇ. تەتقىقاتچى بىۋاسىتە كوزىتىش
ئېلىپ بارىدۇ. ئاخىرىدا توپلانغان پاكىت - ماتەرىياللار سېلىشتۇرۇلۇپ
سىستەمىغا سەلىنىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ، مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتىدا
سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىنتايىن مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.
چۈنكى ھازىر ئىلىم - پەن ۋە تەھنىكا كەشپىياتلىرى ھەمدە بىلىمنىڭ كونىراش
ۋە يېڭىلىنىش جەريانى كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە تەزلەشمەكتە.
ئالىملارنىڭ ھېسابلاپ كورۇشىچە، 16 - ئەسىردىكى تەبىئىي پەنلەر كەشپىياتى
ئاران 26 خىل بولغان بولسا، 17 - ئەسىردە 106 خىلغا، 18 - ئەسىردە 156
خىلغا، 19 - ئەسىردە 546 خىلغا، 20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 961 خىلغا
يەتكەن. 60 - يىللاردىن كېيىن ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى يېڭىلىنىش ۋە
كەشپىياتلار ئاجايىپ تەز كۆپىيىپ بارماقتا. پەننىڭ يېڭىلىنىش سۇرئىتى ھازىر
ھەر 10 يىلدا بىر قاتلىنىۋاتىدۇ. تونۇگۇن بىلگەن نەرسە بۇگۇن كونىراپ
قەلىۋاتىدۇ، شۇڭا ھازىر نۇرغۇن ئەللەردە "ئومۇرۋايەتلىك مائارىپ"
يۇرگۇزۇلمەكتە. بىراق سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات دائىرىسى
ئاددىي سانلارنى كورسىتىپ قويۇش بىلەن چەكلەنمەيدۇ، ئۇ، مائارىپنىڭ ئومۇمىي
ئەھۋالى، تەلىم - تەربىيە نىشانىسى، ئوقۇتۇش تۈزۈمى، مائارىپ ئىقتىسادى،
مائارىپ پسىھولوگىيىسى، مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قاتارلىق
كەڭ دائىرىنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنىڭ ۋەرتىكال
تەتقىقات مەتودى كۆپ ھاللاردا مائارىپ تارىخشۇناسلىقى بىلەن يېقىن
مۇناسىۋەتلىك. ئۇ، مائارىپ تەرەققىياتىنى تارىخىي دەۋرلەر بويىچە قاراپ
چىقىدۇ. مەسىلەن: مىلادىدىن 3000 يىللار بۇرۇن ئىروگىلىپ خەتى بىلەن
يېزىلغان دۇنيانىڭ 1 - توم قەھرىمانلىق داستانى "كەلكىمىش" (1) دۇنياغا
كەلگەندىن بۇيان دۇنيا مائارىپىدا بىرقانچە بۇرۇلۇش دەۋرى بولۇپ ئوتتى: 1)
مەكتەپ ۋە مۇئەللىمنىڭ كېلىپ چىقىشى؛ 2) كلاسسىك مائارىپ دەۋرى؛ 3) ئەدەبىي
ئويغىنىش (ئىلىم - مەرىپەت يۇكسىلىش) دەۋرى؛ 4) سانائەت ئىنقىلابى
تۇرتكىسىدە پەيدا بولغان يېقىنقى زامان مائارىپى دەۋرى؛ 5) ھازىرقى زامان
ئەلىكترلەشكەن مائارىپ دەۋرى. ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىمۇ ئالدىدىكى بابلاردا
بايان قىلىپ ئوتۇلگەندەك، خاراكتېرلىك تارىخىي دەۋرلەرگە بولۇنىدۇ.
مەسىلەن: 1) ئىپتىدائىي مائارىپ باسقۇچى؛ 2) مەكتەپ مائارىپى باسقۇچى؛ 3)
كلاسسىك مائارىپ باسقۇچى؛ 4) يېڭى مەكتەپ مائارىپى باسقۇچى؛ 5) ھازىرقى
زامان مائارىپى باسقۇچىدا. ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى ئۆزىگە خاس توۋەندىكى
ئىككى ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچىدىن، ئۇ قۇيۇق دىنىي تۈس ئالغانلىقى
بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپچىلىرى ۋە
ئەدىبلىرى تۈرلۈك تىللارنى ماھارەت بىلەن ئىگىلىگەنلىكى بىلەن
مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يازما يادىكارلىقىنىڭ كۆپ قىسمى ئەنە شۇ
دىنىي ئەسەرلەر ئىچىدە ساقلىنىپ كەلگەن. نېمىس ئالىمى ف. كاردىس مۇنداق دەپ
يازىدۇ: "بارلىق تىل، ئەدىئولوگىيە، پەلسەپە، سەنئەت پائالىيەتلىرى كەينىدە
دىنىي مەقسەتلەر بار ئىدى. ئۇلار ۋەيران بولغان ئىبادەتخانىلاردا قەدىمقى
زامان ھوججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلاتتى..." ("جۇڭگودا مەتبەئەنىڭ
كەشىپ قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ غەربكە تارقىلىشى.") مەسىلەن: بۇددىزم دەۋرىدە
قالغان نۇرغۇن يادىكارلىق ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق، پەلسەپە ۋە بىلىم -
سەنئەت كوز قاراشلىرى ساقلىنىپ زامانىمىزغىچە يەتىپ كەلگەنلىكى ئۇيغۇر
مائارىپ تەتقىقاتىمىز ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور پايدىلىق. ئۇيغۇر كلاسسىك
مائارىپىنىڭ 2 - مۇھىم ئالاھىدىلىكىگە كەلسەك، ئوتتۇرا ئەسىردىكى كلاسسىك
مائارىپ نامايەندىلىرى ۋە ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تالانتلىق تىل
ماھىرلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەرەب، پارس تىللىرىدا يىرىك ئەسەر
يازغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سانسكرىت، خەنزۇ تىللىرىدا يىرىك ئەسەر يازغان.
ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تالانتى غەربنى ھەيران قالدۇرسا، بەزىلىرى شەرقنى
ھەيران قالدۇرغانىدى. ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ئەنە شۇ
مۇتەپەككۇرلىرى بىلەن پەھىرلىنەلەيدۇ ۋە مۇشۇ پەھىرلىنىش روھى بىلەن ھازىر
تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپى چوقۇم كەلگۇسىدە نۇرغۇن ئالىملارنى
يېتىشتۈرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا
يەتەكلىشىگە ئىشەنچ باغلىيالايدۇ. شۇڭا مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتىدا
سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق بىلەن بىللە مائارىپ كەلەچەكشۇناسلىقنىمۇ
قەتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشىمىز لازىم. مائارىپ كەلەچەكشۇناسلىق
(فۇتۇروئىئوگىيە) نى 1943 - يىلى تۇنجى قېتىم نەمىس پەداگوگى پولئىستەمىر
ئوتتۇرىغا قويغان. 1960 - يىلى ئامېرىكىدا "خەلقئارا كېلەچەكشۇناسلىق
ئىلمىي جەمئىيىتى" قۇرۇلدى. ھازىر بۇ جەمئىيەتنىڭ 80 دىن ئارتۇق مەملىكەتتە
40 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار. مائارىپ كەلەچەكشۇناسلىقنى رەسمىي پەن
سۇپىتىدە دەرسلىك ئىچىگە كىرگۇزگەن ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانى بىر
ئامەرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئۆزىدىلا 200 دىن ئاشتى. لەنىن مۇنداق
دېگەنىدى: "يېڭى جەمىيەت قۇرغۇچىلار يالغۇز ئوتمۇشنى بىلىش بىلەنلا قالماي،
بەلكى يۇرەكلىك ھالدا كەلەچەكنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالىشى كېرەك." ("لەنىن
ئەسەرلىرى" 21 - توم، خەنزۇچە نەشرى، 52 - بەت.) ھازىرقى ئىلىم - پەن
تەرەققىياتىدىمۇ كەلەچەكشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئەغىر مەجبۇرىيەتلەر
يۇكلەنمەكتە. كەڭ كائىنات ۋە چەكسىز شەيئىلەرنىڭ سىرى ئېچىلغانسەرى پەننىڭ
تۇرلىرى، تەتقىقات ئوبيەكتلىرى نەچچە مىڭ خىلغا يەتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىلىم
- پەن تەرەققىياتى مائارىپنى ۋە ھەربىر كىشىنى ئۇچكە (زامانىۋىلىشىشقا،
دۇنياغا، كەلەچەككە) يۇزلىنىشكە تەقەززا قىلماقتا. ھەربىر ياش ئەۋلاد ئۈچۈن
ئىلىم - پەن تەرەققىياتى بىلەن قەدەمداش بولۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلماقتا. شۇڭا
چەكلىك ئومۇر ئىچىدە ھەر بىر كىشى ئۈچۈن يالغۇز بۇگۇننى كوزلەپ ئۆگىنىش
كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى ئۇ ئەتىنى كوزلەپ ئۆگىنىش لازىم. ئەمەلىيەتتە تەلىم
- تەربىيە نىشانىسى ئەزەلدىنلا ئەتە ئۈچۈن ئادەم تەييارلاشتىن ئىبارەت
بولۇپ كەلدى. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئالدى بىلەن ھەربىر ئائىلە پەرزەنت
ئۈچۈن تەبىئىي مەكتەپ، ئاتا - ئانىلار بولسا تەبىئىي "بىرىنچى" ئۇستاز
بولۇشى كېرەك. مەكتەپ تەربىيىسى بولسا ئۇنىڭ داۋامى ۋە تولۇقلىمىسى بولىدۇ.
مۇش مەجبۇرىيەتنى ئائىلە بىلەن مەكتەپ تەڭ ئۇستىگە ئالغاندىلا،
پەرزەنتلىرىنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىشى كۇچىيىدۇ. ئۇنىڭ كەلەچەك ئىستىقبالى
پارلاق بولىدۇ. ئىزاھاتلار: (1) 1872 - يىلى بابىلۇننىڭ قەدىمكى «نەۋى
ئوردىسى» دىن تېپىلغان 3000 مىسرالىق رېئالىزم بىلەن رومانتىزم
بىرلەشتۈرۈلگەن مەشھۇر داستان. |