English

Türkçe

 

عربي

ئۇيغۇرچە

 

 

 

ئاچىل

 

ئابدۇلخالىق ئۇيغۇرى

 

2008 – يىل ئۈرۈمچى نەشرى

 

نەشرىياتتىن

 

شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1901 - يىل 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تۇرپان شەھىرىدە ئابدۇراخمان مەخسۇم ھاجى ئىسىملىك ئابرۇيلۇق سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ كلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى بىلەن ئۇچراشقان. 1916 - يىلى دادىسى مىجىت ھاجى بىلەن بىللە رۇسىيىگە چىقىپ شەمەي شەھىرىدە يېڭىچە مەكتەپتە ئوقۇغان. بىرنەچچە يىلدىن كېيىن قايتىپ كېلىپ تۇرپان يېڭىشەھەردىكى شۆتاڭغا كىرىپ خەنزۇ تىل – يېزىقىنى ئۆگەنگەن. 1923 - يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇرپان ئاستانىلىك مەشھۇر مەرىپەتپەرۋەر زات، داڭلىق كارخانىچى، تەرەققىيپەرۋەر ئىنقىلابچى مەخسۇت مۇھىتى بىلەن سابىر سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئۈچ يىل تۇرۇپ كۆپلەپ بىلىم ئالغان ۋە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. 1926 - يىلى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپلا يېڭى مائارىپنى ۋە ئىلىم - پەن ئارقىلىق مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلغان. 1927 - يىلىغا كەلگەندە مەخسۇت مۇھىتى ۋە پىچانلىق ئىسكەندەر خوجا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە بىر مەرىپەت ئۇيۇشمىسى تەسىس قىلىپ، جەمئىيەتتىن ئىئانە توپلاپ پەننىي مەكتەپلەرنى ئاچقان.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بۇ يىللاردا بالدۇر ئويغانغان ئادەمگە خاس جاسارەت، مەرىپەتپەرۋەرگە خاس پاراسەت ۋە ئوت يۈرەك شائىرلارغا خاس مەسئۇلىيەت بىلەن نادانلىق ۋە زۇلۇم بىلەن تولغان ئىجتىمائىي قاباھەتكە قارشى كۈرەشنى باشلىغان. مۇشۇ يىللاردا ئۇ ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن ئۆز دەۋرىنىڭ ئىجتىمائىي زىددىيەتلىرىنى ۋە جەمئىيەت رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان شېئىرلارنى يېزىپ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىغان، نادان خەلقنىڭ مەنىۋى ئىللەتلىرىنى قاتتىق قامچىلىغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى چوڭقۇر مەزمۇن، كۈچلۈك ئىسيانكارلىق روھ، يىراقنى كۆرەر نەزەر ۋە چاقىرىق كۈچىگە باي پىكىرلەر كەڭ خەلق ئاممىسىنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاممىباب ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېزىلغان «ئويغان»، «باردۇر»، «ئىستىمەس»، «ئايرىلمىغىل»، «ياز تۈنى»، «غەزەپ ۋە زار» قاتارلىق نادىر غەزەللىرى ئەنە شۇ يىللاردا يېزىلغان بولۇپ، شۇ دەۋردە خەلقنى نادانلىق، زۇلۇم ۋە قاششاقلىققا قارشى كۈرەشكە ئۈندەشتە مۇھىم رول ئوينىغان. شۇڭا، بۇ شېئىرلارغا نىسبەتەن تارىخىي نۇقتىدا تۇرۇپ توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىزغا ۋە مۇۋاپىق باھا بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

1931 - يىلى قۇمۇلدا قوزغالغان خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى خەلق ئىنقىلابىنىڭ ئىلھامىدا 1932 – يىل 12 - ئايدا تۇرپاندا قوزغىلاڭ پارتلىغان. خەلقنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ ئەركىن، ھۆر ھاياتقا ئېرىشىشىنى مۇقەددەس غايە قىلىپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قوزغىلاڭچى خەلقنىڭ باشلامچىلىرى سۈپىتىدە قولىغا قورال ئېلىپ جەڭگە ئاتلانغان. بەختكە قارشى تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى شېڭ شىسەي قوشۇنلىرى بىلەن ئاق ئورۇس قوشۇنلىرىنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمىدا زور تالاپەتكە ئۇچرىغان. شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر دەرھال قولغا ئېلىنغان.

بۇ ئوت يۈرەك شائىر 1933 - يىل 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن بىر تۈركۈم سەپداشلىرى بىلەن بىللە 33 يېشىدا قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ جەڭگىۋار ھاياتى ئېسىل شېئىرىي مىراسلىرى بىزنىڭ ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى ئۆچمەس مەنىۋى بايلىق. ئەۋلادلار 1980 - يىللارغا كەلگەندە ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىلەن «بۇلاق» مەجمۇئەسى ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە ئۇچراشتى. ئۇنىڭ تولۇق شېئىر توپلىمى كېيىنكى يىللاردا قايتا – قايتا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

بۇ توپلامغا شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرىي مىراسلىرى كىرگۈزۈلدى .

 


 

ۋەتەنپەرۋەر شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى

 

تالانتلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئابدۇراخمان ئوغلى 1901 - يىل 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تۇرپان شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان (ئابدۇخالىق ئۆز ئىسمى بولۇپ، «ئۇيغۇر» ئۇنىڭ تەخەللۇسى). ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن مەرىپەتلىك ئائىلە ئىدى. ئاتىسى (ھازىر كۆپىنچە كىشىلىرىمىز «دادا» دەپ ئاتايدۇ) ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرى ساۋاتلىق كىشىلەر بولغانلىقتىن، ئابدۇخالىق بەش يېشىدىلا ساۋاتىنى چىقىرىۋالغان. ئون ئىككى ياشلارغا كەلگەندە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەرەب – پارس تىللىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ كلاسسىك شارئىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا باشلىغان.

1916 - يىلى دادىسى (ئەدەبىي تىلدا «بوۋا») مىجىت ھاجى سودىگەرچىلىك بىلەن رۇسىيىگە بارغاندا ئۇ بىللە بېرىپ، رۇسىيىنىڭ شەمەي شەھىرىدە رۇس تىل – يېزىقىنى ئۆگەنگەن. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە تۇرپان يېڭىشەھەردىكى شۆتاڭغا كىرىپ خەنزۇ تىل – يېزىقىنى ئۆگەنگەن ۋە بۇ مەكتەپنى ئەلا دەرىجىدە پۈتكۈزگەن. (ئابدۇخالىق تۇرپاندىكى شۆتاڭدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، شۇ زاماننىڭ مەكتەپ قائىدىسىگە مۇۋاپىق ھالدا ئۆزىگە «خاۋېنسەي» دەپ ئىسىم قويغان). ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شۆتاڭدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە ئېلىمىزنىڭ خەنزۇ كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇپلا قالماي، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى بىلەنمۇ تونۇشقان. ئۇ دوست – بۇرادەرلىرىگە خەنزۇ كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى «سۇ بويىدا»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» رومانلىرىنىڭ مەزمۇنىنى سۆزلەپ بەرگەن ۋە سۇن جۇڭشەننىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، دېموكراتىيىگە نىسبەتەن تونۇشىنى ئۆستۈرگەن. ئەنە شۇ مەزگىللەردىكى ئابدۇخالىقتا فېئودال كونىلىققا، دىنىي خۇراپاتلىققا ۋە نادانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىلىم – پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش غايىسى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتلاردا يازغان «ئىستىمەس»، «باردۇر»، «ئويغان»، «ھار» قاتارلىق شېئىرلىرى شائىرنىڭ مەرىپەتكە ئىنتىلىدىغان ئىلغار كۆزقاراشلىرىنىڭ مەھسۇلى ئىدى.

1923 - يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئىككىنچى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، يەنە ئۈچ يىل تۇرۇپ، بىلىم تەھسىل قىلدى، يەنى 1919 - يىلى لېنىن رەھبەرلىكىدە موسكۋادا قۇرۇلغان «شەرق كوممۇنىستىك ئەمگەك ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ 1921 – يىلى تەسىس قىلىنغان جۇڭگو سىنىپىدا ئوقۇدى. بۇ جەرياندا ئۇ پۇشكىن، لېرمونتوف، تولستوي، گوركىي ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، رۇس ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشتى. ئۇ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. 1926 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپلا يېڭىچە ئىلىم – پەننى تەرغىپ قىلدى، خەلقنى ئويغىتىش ئۈچۈن گېزىت – ژۇرنال نەشر قىلىشقا تەرەددۇت قىلىپ، تۇرپاندا باسما زاۋۇتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. خەلق ئىچىدىكى بەزى ئەسلىمىلەرگە قارىغاندا، ئۇ ئەينى زاماندىكى ئىلغار كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىق قىلىشى بىلەن باسما زاۋۇت قۇرۇش تەييارلىقىنىمۇ ھەل قىلغان، لېكىن ئەكسىيەتچى مىلىتارىست ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ باسما زاۋۇت قۇرۇشىغا يول قويمىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇرپان ئاستانىدىكى مەخسۇت مۇھىتى، پىچاندىكى ئىسكەندەر خوجا (ئىسكەندەر خوجا 1920 - يىللاردىكى ياشلارنىڭ ئاۋانگارت ۋەكىلى. ئۇ 1930 - يىللاردا ئۆزبېكىستاندىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن. 1947 - يىلى پىچان ناھىيىسىگە ھاكىم بولۇپ تەيىنلەنگەن. 1951 - يىلى دۇنيادىن ئۆتكەن). قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە، 1927 - يىلى «ئاقارتىش بىرلەشمىسى» نامىدا بىر مەرىپەت جەمئىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۈچ مىڭ سەر كۈمۈش ئىئانە توپلاپ، تۇرپان يېڭشەھەردىكى نىياز سەيپۇڭ (نىياز سەيپۇڭ ‹1886 - 1949 – يىللار› مەشھۇر جامائەت ئەربابى. ياشلىق مەزگىلىدە تىككۈچىلىك بىلەن مەشغۇل بولغان. ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدە بىلىم تەھسىل قىلغان. مەككىگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلغان. پۈتۈن ئۆمرىنى، مال – مۈلكىنى مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. پاراسەتلىك، ناتىق، لەتىپىچى كىشى. ئەل سۆيگەن دېموكرات زات. 1936 - 1939 - يىللاردا تۇرپان ناھىيىسىگە ھاكىم بولغان. نى شيەنجاڭ دېگەن نامدا ئۇنىڭ نۇرغۇن ياخشى ئىش ئىزلىرى تارقالغان. 1980 - يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا نەشر قىلىنغان بىر قىسىم ئەدەبىي توپلاملارغا ئۇنىڭ 40 پارچىغا يېقىن لەتىپە – چاقچاقلىرى كىرگۈزۈلگەن.) دېگەن كىشىنىڭ قورۇسىدا بىر يېڭى مەكتەپ، كېيىنكى يىلى يېڭىشەھەردىكى ئاق سارايدا (ھۆرىيەت مەكتىپى»، كونىشەھەر نەنمېن (جەنۇبىي قوۋۇق)دا يەنە بىر مەكتەپ ئاچقان. بۇ پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇغانلارنىڭ بىر قىسمى كېيىنچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا چىقىرىلغانىدى. ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى جەمئىيەتتە مۇھىم روللارنى ئوينىدى. بۇ دەۋردە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادىيىتىدە زور ئىلگىرىلەش بولدى. ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ ئىجتىمائىي زىددىيەتلىرى ۋە جەمئىيەت رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان شېئىرلارنى يېزىپ، ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ چىرىك ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىدى. ئازادلىق، ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىش لازىملىقىنى ۋە بۇ يولدا قۇربان بولۇشنى ئۆزى ئۈچۈن بەخت دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى لىرىك پىكىرلەر بىلەن ئىپادىلىدى. قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ھارپىسىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر «ئاچىل» ناملىق شېئىرنى يازدى. كېيىنكى چاغلاردا بۇ شېئىر خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ پۈتۈن شىنجاڭغا تارقالدى.

ئۇنىڭ شېئىرىدىكى چوڭقۇر سىياسىي مەزمۇن، ئۆتكۈر ئىسيانكارلىق سادالىرى ئەينى دەۋردىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئەندىشىلىرىنى كۆپەيتكەنىدى، بۇ شېئىرلاردا قانداقتۇر «غەيرىي ۋە يېڭى پىكىرلەر»نىڭ بارلىقىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن ئەكسىيەتچى گۇرۇھ ئابدۇخالىقنى شېئىر يېزىشتىن، خەلقنى بولسا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشتىن چەكلىگەنىدى.

ئۆز غايىسى يولىدا تىز پۈكمەس روھقا ئىگە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1932 - يىل 11 - ئايدا «ئويغان»، «ئاچىل» دېگەن شېئىرلىرىنى ئاق رەختكە چوڭ خەتلىك قىلىپ يېزىپ، كوچىلارغا چاپلاپ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتنىڭ ھەيۋىسىگە تاقابىل تۇرغانىدى.

1932 - يىل 12 - ئاينىڭ بېشىدا تۇرپاندا دېھقانلارنىڭ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتكە ۋە فېئوداللىق زۇلۇمغا قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى پارتلاپ، تۇرپان يېڭىشەھەرنى قوزغىلاڭچىلار ئىشغال قىلدى. 1932 - يىل 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى مىلىتارىس جىن شۇرېن تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن تۇرپانغا جازا قوشۇنى ئەۋەتكەندە، قوزغىلاڭچىلار يېڭىشەھەرنىڭ غەربىدىكى قۇملۇقتا «ئوت قالاپ كۈتۈۋېلىش» تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، بىر يولىلا بىرنەچچە يۈز دۈشمەننى تارمار قىلىپ، نۇرغۇن قورال – ياراغ، ئوق – دورا غەنىيمەت ئېلىپ دەسلەپكى غەلىبىگە ئېرىشتى. بۇ چاغدا شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئاشۇ ھادىسىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش مەقسىتىدە «مۇزلىدى» دېگەن شېئىرنى يازدى.

قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا بارغان شېڭ شىسەي 1933 - يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىگە قاراپ قاچتى. ئۇ تۇرپانغا كەلگەندە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ بىرنەچچە سەپداشلىرىنى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋى تەرغىباتچىلىرى دەپ قاراپ، تۇتقىن قىلىپ تۈرمىگە تاشلىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۈرمىدە دۈشمەننىڭ قاتتىق – يۇمشاق ۋاسىتىلىرىگە پسەنت قىلمىدى، بەلكى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىرىنى پاش قىلىپ «ئىچ پۇشۇش» دېگەن شېئىرنى يازدى ۋە دۈشمەنگە قارشى ئۆچمەنلىكىنى ئىپادىلىدى. سۇيىقەستى ئىشقا ئاشمىغان جاللات شېڭ شىسەي 1933 - يىل 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئۇنى سەپداشلىرى بىلەن قوشۇپ تۇرپان شەھىرىدە سازايى قىلىپ جازا مەيدانىغا ئېلىپ چىقتى. قەيسەر ئابدۇخالىق دۈشمەنگە باش ئەگمەي، باتۇرلارچە كۆكرەك كېرىپ خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە يالقۇنلۇق نۇتۇق سۆزلىدى. بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلغاندا، «ياشىسۇن ئەركىنلىك!»، «ياشىسۇن ئازادلىق!» دەپ ياڭراق شوئار توۋلاپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قىسقا ھاياتى ئەنە شۇنداق ئۆتكەن. ئۇنىڭ تەرجىمىھالىغا ئائىت بۇ تەپسىلاتلار ھازىرغىچە ئۇنىڭ ھايات زامانداشلىرى ئىچىدە سۆزلىنىپ كەلمەكتە، ئابدۇخالىقنىڭ پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۆزى كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشىلەر بۇنى بىر چوڭ تارىخىي ۋەقە سۈپىتىدە ھازىرمۇ ئەسلىشىدۇ.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رېئالىزملىق ئىجادىيەت مېتودىنى ئەۋج ئالدۇرغان خەلقپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك شائىر بولۇپ، يېڭى زامان دېموكراتىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ بايراقدارلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر «4 – ماي ھەرىكىتى»دىن كېيىن، ئېلىمىزدە يۈز بەرگەن زور تارىخىي بۇرۇلۇش دەۋرىدە ياشىدى ۋە ئىجاد قىلدى.

قەيەردە زۇلۇم بولىدىكەن، شۇ يەردە زۇلۇمغا قارشى كۈچ بارلىققا كېلىدۇ. ئىچكى ئۆلكىلەردە 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خۇڭ شيۇچۈەن، كاڭ يۇۋېي، يەن فۇ قاتالرىق ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلار جۇڭگو خەلقىنى زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاقارتىش، ئىسلاھاتچىلىق ۋە دېموكراتىيە يولىنى ئىزدىگەنىدى. 20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارىكىدە شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلارمۇ ئەنە شۇ يولغا ئىنتىلدى. ئۇلار ئالدى بىلەن خەلق قەلبىنى مەرىپەت بىلەن يورۇتۇش، دېموكراتىك غايىلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى. 1911 - يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن سۇن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ «سەنمىنجۇيى (ئۈچ مەسلىك*» ئىدىيىسى شىنجاڭغا يۈزلەنگەندە، شىنجاڭدىكى دېموكراتىك پىكىر ئېقىمى تېخىمۇ كېڭىيىشكە باشلىغانىدى. 1920 - يىللارنىڭ ئالدى – كەينىدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ ئېڭىنى ئويغىتىشتا بەلگىلىك رول ئوينىدى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىسلاھاتچىلىق ۋە دېموكراتىك پىكىر ئېقىمىغا مەنسۇپ بولغان بىر قىسىم ئىلغار زىيالىيلار خەلق ئارزۇسىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسىنى كەڭ تەرغىب قىلدى. تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مەرىپەتچىلىك پائالىيەتلىرى ئالدى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت شەكلى ئارقىلىق مەيدانغا كەلدى، يېڭى مائارىپ – ئاقارتىش پائالىيەتلىرى كەڭ ئەۋج ئالدى. مۇنداق زور مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى 20 - ئەسىرنىڭ 20 - ، 30 - يىللىرىدا ئويغىنىشقا باشلىغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئەركىنلىك – دېموكراتىك غايىسىنىڭ ئەكس ساداسى ئىدى. خەلقنىڭ بۇ ئارزۇسىغا ئەينى زاماندىكى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر ۋەكىللىك قىلدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بۇ جەھەتتە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەملىكەت ئىچى ۋە قوشنا ئەللەردىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنىڭ تەسىرىدە، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرۇلۇق بىرقەدەر توغرا خۇلاسىگە ئىگە بولغانىدى. ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە تەشەببۇسلىرى دىنىي چەكلىمە ۋە فېئودال تەرتىپلەرنىڭ قاتتىق ئىسكەنجىسىدە تۇرغان بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدى، بولۇپمۇ شۇ جەمئىيەتتىكى مۇتەئەسسىپلەر تەرىپىدىن ئاسانلىقچە قوبۇل كۆرۈلمەيتتى. شائىر بۇ ھەقتە مۇنداق يازغان :

....

تىل – ھاقارەت، تەن ە- دىخمار، ۋايداد!... بۇ جاننى قىينىدى،

ئەمدى نە قىلماق كېرەك، ئەجەبمۇ بولدۇم خارىمەن!

 

لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن شائىر ئۆز غايىسى يولىدا مېڭىشتىن ۋاز كەچمىدى، بەلكى ئۆز ئىشىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشەنگەن ھالدا، دولقۇنلارنى يېرىپ ئالغا باستى.

شائىر بۇ ھەقتە مۇنداق مىسرالارنى قالدۇرغان :

ئېقى ئاق، قارىسى قارا، ھەرگىزمۇ ئاق بولماس قارا،

ئاجرىسۇن مىستىن تازا ئالتۇن كۆيۈپ، ئوتتا چىداپ .

 

مەلۇمكى، شەخسنىڭ تارىختىكى رولىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا ئۆز دەۋرىدە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھەقىقىي ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرگەن ۋە پۈتۈن ھايات پائالىيىتى داۋامىدا خەلقتىن ئوزۇق ئېلىپ، خەلققە ئوزۇق بەرگەن شەخسلەرلا ھەقىقىي قەھرىمان بولۇپ، خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ياشاپ قالىدۇ. 20 - ئەسىرنىڭ 20 - ، 30 - يىللىرىنى شىنجاڭ خەلقى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ئاسارەتلىك دەۋر – جاھالەت ئەۋجىگە چىققان يىللار دەپ قارىساق، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئاشۇ يىللاردا خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرىگە ۋەكىللىك قىلىپ مەرىپەت مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باشقىلارنى يورۇتقان رەھنەمالارنىڭ بىرى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بىرەر نامايەندىنىڭ تارىختىكى تۆھپىسى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كەڭ ئىجتىمائىي تەسىرى، ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن ئوينىغان رولى ھەمدە يېڭى غايە – ئىدېئولوگىيىنى پەيدا قىلالىشى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەسەرلىرى ئۆز دەۋرىدىلا خەلق ئىچىگە كەڭ تارقىلىپ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى مەرىپەت ئاسمىنىدا كۆرۈلگەن بىر يۇلتۇز بولغانىدى. ئۇ ھايات ۋاقتىدىلا «ئويغان»، «ئاچىل» دېگەن شېئىرلىرنىڭ پۈتكۈل شىنجاڭغا، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقىلىپ، خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ كېتىشى پىكرىمىزنىڭ دەلىلى بولالايدۇ. بۇ شېئىرلار ھېلىھەم جەلپكارلىقىنى ساقلاقپ كەلمەكتە.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ يېڭى زامان ئۇيغۇر پوئېزىيىسىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى نېمىدىن ئىبارەت؟ بۇ مەسىلە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا باھا بېرىشتە مۇھىم سالماققا ئىگە. بىز بۇنداق باھانى ئۇنىڭ ھايات پاكىتلىرىدىن ئالىمىز، ئۆزىنىڭ پۈتۈن زېھنىي قابىلىيىتى ۋە يۈرەك قېنىنى نېمىگە بېغىشلىغانلىقىغا، قانداق غايە – مەقسەت يولىدا تىرىشقانلىقىغا ھەمدە ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە قاراپ، ئۇنىڭ تارىختىكى رولىنى باھالايمىز. مەلۇمكى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ قىسقا ئىجادىي ھاياتىدا پوئېتىك ئىجادىيەتنىڭ پەللىسىگە چىقىشقا ئىنتىلدى. ئۇنىڭ قەلبى ئاجايىپ يالقۇنلۇق بىر ئوت بىلەن ياندى. ئۇ ئۆزى ياشاپ تۇرغان جەمئىيەت ھەققىدە، ئۆز ھېسسىياتلىرى ھەققىدە بەدىئىي مىسرالارنى يېزىشنى كۈندىلىك ھايات پائالىيىتىگە ئايلاندۇردى. ئۇ كۆرگەن يېڭى دۇنيا ۋە يېڭى ھاياتنىڭ تەسىرى ئۇنىڭدا ئاجايىپ ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇسىنى ئويغاتقانىدى. بۇ ھال شائىرنىڭ غايىۋى، بەدىئىي جەھەتتىن ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن يېڭى بولغان يۈكسەك شېئىرلىرىنىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولدى. ئەگەر شائىر ئۆز دەۋرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، كېلەچەكنى روشەن كۆرەلمىگەن بولسا، ئەڭ مۇھىمى، كەلگۈسىگە ئۈمىد باغلاپ، ئۆز خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئارزۇ – ئارمانلىرىنى، ئىنتىلىشىلىرىنى شائىرانە تۇيغۇ بىلەن ئېنىق ھېس قىلمىغان بولسا، ئۆلمەس شېئىرلارنى يازالمىغان بولاتتى.

شائىر ھەقىقەتنى باشقا يەردىن ئەمەس، بەلكى 20 - ئەسىرنىڭ 20 -، 30 - يىللىرىدىكى ئالەمشۇمۇل ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەردىن تاپتى. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دەپ يازغانىدى:

ھەقىقەتنىڭ روھى قېچىپ كەتتى مېنىڭ دىيارىمدىن،

ئۇنىڭكى خۇش پۇراقى ھېچ كەتمىدى بۇ دىماغىمدىن.

ئىزدىدىم كۆپ، تاپمىدىم شەجەن – روجەن سەھراسىدىن،

ئىزدىبان تاپتىم – دە، ئالدىم لېنىننىڭ گۈلباغىدىن.

 

بۇ بىر كۇپلېت شېئىردا شائىرنىڭ ئىلغار پىكىر قىلىش ئۇسۇلى — دۇنيا قارىشى يەكۈنلەنگەن. ئۇ لېنىن باشچىلىقىدىكى رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن — سوتسىيالىستىك سوۋېت تۈزۈمىدىن «ھەقىقەتنى تاپقان»لىقىنى يۈرەكلىك ھالدا جاكارلىغانىدى. بۇنداق پىكىر، بۇنداق سۇبيېكتىپ ئارزۇنىڭ 1930 - يىللاردىكى شىنجاڭ جەمئىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قالتىس مەنىۋى ھادىسە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش قىيىن ئەمەس!

لېنىن يولىدىن ھەقىقەتكە ئىگە بولغان جۇڭگو خەلقى تارىختا ئۆچمەس نەتىجىلەرنى ياراتتى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەينى زاماندىكى ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئىلغار زىيالىيلار قاتارىدا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ جۇڭگوغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى دەسلەپتە سەزگەن ۋە ئۇنى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئەكس ئەتتۈرگەن سېيمالارنىڭ بىرى بولدى. مۇھىم نۇقتا شۇكى، 1919 - يىلىدىكى 4 - ماي ھەرىكىتىنىڭ ئالدى – كەينىدە يۈز بەرگەن دېموكراتىك ھەرىكەتلەر شائىرنىڭ دىققىتىدىن چەتتە قالمىدى. ئۇ پۈتۈن بىر ئىجتىمائىي تۈزۈمگە بىۋاسىتە تاقىلىدىغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان سىياسىي ھادىسىلەرگە ھەرگىزمۇ سەل قارىمايتتى، شۇڭا ئۇ مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى ئەدەبىيات ۋە ئاخبارات يېڭىلىقلىرىدىن پايدىلاندى. 1907 -، 1917 - يىللاردا بېيجىڭ ۋە شاڭخەي شەھەرلىرىدىكى ئىنقىلابىي ئەدەبىياتنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان «يېڭى ياشلار» ۋە «شەرق ئەنزارى» قاتارلىق ژۇرناللاردا جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ، بولۇپمۇ رۇسىيىنىڭ ئىنقىلابىي ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغانىدى.

1920 - يىللاردا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سوۋېت پرولېتارىيات يازغۇچىسى ماكسىم گوركىي، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پرولېتارىيات ئەدەبىي ئېقىمىنىڭ پېشقەدەم نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان سەدرىددىن ئەينى، شۇنىڭدەك، ئۆزبېك يازغۇچىسى ئابدۇللا قادىرى، تاتار شائىرى ئابدۇللا توقاي قاتارلىقلارنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك تىللىرىدا تارقالغانىدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شەخسىي كۇتۇپخانىسىدا بولۇشى شائىرنىڭ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا دېموكراتىك پىكىر ئېقىمىنى ئەۋج ئالدۇرۇش مۇددىئاسىنى شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى .

يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بۇ خىل ئىلغار ئىجادىيەت مېتودى ۋەتەنپەرۋەر شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قىسقا ئىجادىي ھاياتىدا بىرقەدەر زور سالماققا ئىگە بولدى. باشقا كۆپ تەرەپلەرنى تەھلىل قىلمىغاندىمۇ، 20 - ئەسىرنىڭ 20 -، 30 - يىللىرىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي شارائىتىدا، ئۆز ئەسەرلىرىدە «لېنىن، سۇن جۇڭشەن، يىگىرمە ئىككى ئۆلكە، ئېلېكتر، لۇشۈن، پەنگە يۈرۈش، خەلق ھوقۇقى، مىللەتلەر باراۋەرلىكى» قاتارلىق ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن يېڭى ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ، جاراڭلىق توۋلاش يۈكسەك جاسارەت، دادىللىق ئىدى !

20 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلگەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى كېيىنكى يىللاردا ئۆزبېكلەرگە تونۇشتۇرۇلغان. 1970 - يىللاردا ئۆزبېكچە نەشر قىلىنغان «ئۇلۇغ ئۆكتەبىر ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دېگەن كىتابتا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «بەر مەدەت»، «كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس»، «كۆڭۈل خاھىشى»، «ئۈزۈلمەس ئۈمىد» ماۋزۇلۇق بىرنەچچە شېئىرى بېرىلگەن. يەنە 1980 - يىللاردا «شەرق يۇلتۇزى» ژۇرنىلىدا بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان ۋە رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنغان، شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى قامۇسلاردا تونۇشتۇرۇلغان. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بەدىئىي ئىجادىيىتىنىڭ تەسىرىنى باھالاشتىمۇ بۇ ئەسەرلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بىر قاتار شېئىرىي ئەسەرلىرىدىن قارىغاندا، شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئۇ رېئالىستىك ئىجادىيەت مېتودىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئۆتكۈرلۈك بىلەن كۆزىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش، تەھلىل قىلىش ۋە بەدىئىي ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدۇر.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەسەرلىرى ئەينى زاماندا ئىلغار ئىدىيىلەرنىڭ تارقىلىشىدا پائال رول ئوينىغانلىقى بىلەن ئالاھىدە قىممەتلىكتۇر، شۇنداقلا بىزنىڭ شۇ زاماندىكى رېئاللىقنى تونۇشىمىز ئۈچۈنمۇ قىممەتلىكتۇر.

ئېلىمىز ئەدەبىياتى تارىخىدىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، ھەربىر مىللەتنىڭ ئەدەبىيات تارىخى شۇ مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىدىكى تارىخىي ئەنئەنىلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ئۈزلۈكسىز بېيىپ كەلدى. جۈملىدىن، بۇ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ كلاسسىك ئەدەبىياتقا تارىخىي يوسۇندا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، ئالغا بېسىشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ مىللىي ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىللە، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتىدىن پايدىلىق ئامىللارنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇ يول بىلەن مىللىي ئەدەبىياتنىڭ شەكلى ھەم مەزمۇنلىرىنى بېيىتىپ بارىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ ئۆز ئىجادىيىتى جەريانىدا شۇنداق قىلغان. ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر يازغۇچىلاردىن لۇشۈن، گو مۇرو، شيايەن، ماۋدۇن قاتارلىقلار دەسلەپكى مەزگىللەردە چەت ئەل ئەدەبىياتىنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلغانىدى. ئۇلار ئۆكتەبىر ئىنقىلابى مىللەتنى ئازاد قىلىشنىڭ، ئۆز تەقدىرىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈمىدى دەپ قارىغانىدى. شۇڭا، بۇ جەھەتتىن تونۇشتۇرۇش، تەرجىمە قىلىش، تەتقىق قىلىش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلغان. 20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ رۇس ئەدەبىياتى ۋە سوتسىيالىستىك سوۋېت ئەدەبىياتى بىلەن يېقىندىن تونۇشقان، ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئالغان. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەينى زاماندىكى دەۋر قەدىمىگە ماسلىشىپ، ئىشنى قەلەم ھەم ئەلەمدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن باشلىغان. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىجادىيىتىنىڭ قىممىتى ئەڭ ئالدى بىلەن مانا مۇشۇ جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ پۈتكۈل شېئىرلىرىنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ يادروسى زۇلۇمغا، زوراۋانلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش، ئىنقىلاب قىلىش ۋە شۇ يول بىلەن خەلقنىڭ ئازادلىقىنى، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتتۇق. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھەم ئەدەبىي پائالىيەتلىرىدە مۇئەييەن ئىزچىللىق ۋە دىئالېكتىكىلىق ئۇسۇل – باسقۇچلار بار، شائىرنىڭ مەقسەت – غايىسىنى قانداق ئۇسۇل بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ بەدىئىي ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ دەسلەپكى ئەدەبىي ئىجادىيىتى خەلق قوشاقلىرى شەكلىدىن ئىلھاملىنىش بىلەن باشلانغان. ئاندىن بارا – بارا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئارزۇ ۋەزنىگە كۆچكەن. بۇ ھال ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالىدا بىرقەدەر ئوچۇق كۆرۈنىدۇ. مەزكۇر توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرىنىڭ كۆپچىلىكى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

نوقۇل ھالدا مۇنداقچە تەرىپلەش يېتەرلىك بولمايدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدا ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئارزۇ ۋەزنىنىڭ نەپىس مىسرالىرىنى ياراتتى ۋە خەلق ئاغزىدىكى ماقال – تەمسىللەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئۆز ئىجادىي ئورىگىناللىقىغا تەتبىقلىدى. ئەدەبىي تىلنىڭ تەركىبىي قىسىملىرىدىكى تۈرلۈك مەجازىي ۋاسىتىلەرنى جاي – جايىدا قوللىنىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئىپتىدائىي ئامىللارنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇ دەۋر شارائىتىدا ئەرەب – پارس ۋە باشقا چەت ئەللەرنىڭ «بەدىئىي تىل»ىغا مۇراجىئەت قىلمايلا، ساپ ئانا تىلى — ئۇيغۇر تىلىدا تۈرلۈك ژانىردىكى شېئىرلارنى يازالىشى، خەلققە يېقىن ئىبارىلەرنى بەدىئىي پوئېزىيىدە كەڭ قوللانغانلىقى 20 - ئەسىرنىڭ 20 -، 30 - يىللىرىدىكى يېڭى ئۇيغۇر شېئىرىيەت تىلى ئۈچۈن بىر ئۆرنەك بولغانىدى.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىلغار ئىدىيە ۋە يېڭىلىقنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈردى. قالاقلىق ۋە ئەكسىيەتچىلىكنى ئەيىبلىدى. ئۆز جەمئىيىتىنىڭ سەلبىي ئامىللىرىنى «شۇم پەلەك»كە ياكى «يالماۋۇز»غا ئوخشاتتى. مانا بۇ بىر خىل تىپىك ئوخشىتىش ئىدى. «شۇم پەلەك» — ئەڭ زۇلمەتلىك دەۋرنىڭ سۈپىتىدۇر. ئۇ بارلىق سەلبىي شەخسلەرنى، زۇلۇم، ئاسارەت ۋەكىللىرىنى «ئېيىق»، «قاۋان»، «قاغا» دەپ سۈپەتلىدى، ئومۇمەن ئىجابىي ھادىسە ۋە نەرسىلەرنى ياخشىلىققا، يورۇقلۇققا، ئىنقىلابقا سىمۋول قىلسا، سەلبىي ھادىسە، نەرسىلەرنى يامانلىققا، زۇلۇمغا، ئەكسىيەتچىلىككە سىمۋول قىلدى. بۇ جەھەتتە خەلق ئىچىدىكى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئوخشىتىش ۋە تەقلىد قىلىش ئۇسۇلىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلاندى. شائىر ئۆزىنىڭ ئىنقىلابىي غايىسىنى بەزىدە ئەينەن ئىپادىلىسە، بەزىدە «يار»، «باھار»، «گۈل – چېچەك، چىراي، قۇياش، ئاي، ئاپتاپقا ئوخشىتىپ ئىپادە قىلدى. غايىسىنى «يار» دەپ ئىپادىلىگەندە، ئۆزىنى يار ئىشقىدا «كۆيگۈچى»، «ئاشىق» قىلىپ كۆرسەتتى. غايىسىنى «باھار» دەپ ئوتتۇرىغا قويغىنىدا، ئۆزىنى باھار ئىزدىگەن، قەھرىتان قىشتىن بىزار بولغان قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆز غايىسىنى گۈل – چېچەك قىلىپ كۆرسەتكىنىدە، ئۆزىنى شۇ گۈل – چېچەك ئىشقىدا سايرىغان قەپەستىكى بۇلبۇل قىلىپ كۆرسەتتى. غايىسىنى «چىراي»قا ئوخشاتقىنىدا، ئۆزىنى پەرۋانىگە ئوخشاتتى. غايىسىنى «قۇياش» دەپ ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئۆزىنىڭ قۇياش نۇرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقىنى، «قارا بۇلۇت»نىڭ ئۇنى توسۇپ تۇرغانلىقىنى، لېكىن قۇياشقا دالدا قىلماقلىق، ئۇنى توسىمەن دەپ ھەرىكەت قىلىش بىر ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئومۇمەن، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى سېلىشتۇرۇپ، يورۇقلۇقنى غالىب قىلىپ ئۈمىدۋارلىقنى كۈيلىدى. شائىرنىڭ بەدىئىي ئەسەرلىرىدە، سەل – پەل تېڭىرقاش ھالىتى ئەكس ئەتسىمۇ، لېكىن ئۇ ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە تەلەي سىناش خىيالىدا بولغان ئەمەس. ئۇ تەقدىرگە ئىشىنىدىغان، بىخۇدلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نۇقتىئىنەزەرلەرگە شىددەت بىلەن قايتۇرما زەربە بەردى. بۇ جەھەتتە شائىرنىڭ «ئىستىمەس» دېگەن شېئىرىنى مىسالغا ئېلىش كۇپايە :

ئىزدىدى ھۇما قۇشىنى كۈندە كۆكلەرگە قاراپ،

ئىستىگەنلەر بېشىغا ھۇما قونۇشنى ئىستىمەس.

 

ئابدۇخالىق قىل سۇبات، ئىزدە سىراتەلمۇستەقىم،

بۇ سۇبات بار يەردە كۆڭلۈم ئۇ ھۇمانى ئىزدىمەس.

 

دېمەك، بەخت – سائادەت ئۆزلۈكىدىن قولغا كەلمەيدۇ. ئۇ ئەپسانىلەردىكى بەخت قۇشى باشقا كېلىپ قونسىلا بەخت – سائادەتلىك بولىدىغان ئىش يوق دەپ، بۇنىڭغا ئالدانغانلارنى ئويغىتىۋاتىدۇ. بەخت كۈرەش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. ئەكسىيەتچىلەر خەلقىمىزگە بەختنى تەقدىم قىلمايدۇ، شۇڭا، خەلق ئۆزىنى ئۆزى ئازاد قىلشى لازىم، دەيدۇ.

شائىر خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنقىلاب قىلىدىغانلىقىنى، ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ھېچقانداق قارا كۈچنىڭ توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. بۇ جەھەتتە شائىرنىڭ «ئۈزۈلمەس ئۈمىد»، «كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس»، «مۇزلىدى» قاتارلىق شېئىرلىرىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.

چىقار بوران تەرەپبال ئەگەر ھېچ ئويلىماي تۇرساڭ،

ئەگەر قاتتىق چىقىپ كەتسە يېپىپ تۈڭلۈك ئالالىغايمۇ ؟

 

تەرەپبال بوراننىڭ ۋە يامغۇرنىڭ ھېچ تېگى يوقتۇر،

ۋە لېكىن ئابدۇخالقنىڭ ئۈمىدى ھېچ ئۈزۈلگەيمۇ؟

(«ئۈزۈلمەس ئۈمىد»تىن)

بۇ يەردە «بوران» ئىنقىلاب مەنىسىدە ئېلىنغان بولۇپ، ئەكسىيەتچىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىدەك بولمايدۇ، كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە تېخىمۇ باغلىق بولمايدۇ. ئىنقىلابنىڭ دۈشمەنلىرى «تۈڭلۈك يېپىپ» (مۇداپىئە كۆرۈپ) ئۈلگۈرەلمەيدۇ. ئىنقىلاب كۆپ بولدى، لېكىن غەلىبە قازىنالمىدۇق، شۇنداق بولسىمۇ ئىنقىلابنى توختاپ قالىدۇ دەپ ئۈمىد ئۈزگىلى قەتئىي بولمايدۇ، مەن ئۈمىدسىزلەنمەيمەن، دەيدۇ. شېئىردىكى «مەن» پەقەت شائىرنىلا بىلدۈرۈپ قالماستىن، نۇرغۇنلىغان «مەن»لەرنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، لىرىكىدا «مەن» شۇ دەۋر كىشىلىرىنى، ئومۇمىي خەلقنى كۆرسىتىدۇ.

ئومۇمەن، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى تېماتىك مەزمۇنىنىڭ باي، ھوڭقۇرلۇقى، شېئىرىي ژانىر، شەكىللىرىنىڭ خىلمۇ خىللىقى، ئۇسلۇبىنىڭ مەردانە، جۇشقۇنلۇقى، تىل – بەدىئىي تەسۋىرلىرىنىڭ ئوبرازلىق، يارقىن، چۈشىنىشلىك ئىكەنلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بىز بۇ توپلامنى ئوقۇساق، ئالاھىدە يارقىن نوقتىنى، يەنى شائىرنىڭ ئەينى دەۋردە ۋىجدان بۇرچىنى ئۈستىگە ئېلىپ، خەلقنى غەپلەتتىن ئويغىنىش، ئىلىم – مەرىپەتكە يۈرۈش قىلىشقا چاقىرىق قىلغانلىقىنى، شائىر شېئىرلىرىنىڭ رىتىمى خەلقنىڭ يۈرەك رىتىمىغا تەڭكەش سوققانلىقىنى، شائىرنىڭ ئەينى دەۋردە دەۋرنىڭ ئەڭ ئالدىدا پارلاق چوققىغا يۈرۈش قىلغان جەڭچى ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ مەزمۇن، تىل، بەدىئىيلىك، شەكىل جەھەتلەردىن چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغان يېڭىچە شېئىرىي ئەسەرلىرى ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى سېلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان تۆھپىكار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.

شائىرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىلغار كۈچلەرگە ھېسداشلىق قىلىش، خەلق، ۋەتەن ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىش روھى مەڭگۈ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.

نەشرگە تەييارلىغۇچىلاردىن


 

ئۇيغۇر قىزى[1]

 

ئەي قەمەر، قارىشىڭدا مەن ھەيرەتتە قالدىم ئۇشبۇ تۈن،

ماھى رۇخسارىڭ سېنىڭ ئون تۆت ئىكەن تولغان بۇ كۈن.

ئۇل قۇياش تارلىق قىلىپ، چاچقانى راست ئوخشايدۇ ياغ،

شۇل سەۋەبتىنمۇ يۈزۈڭدە بار ئەجەب يىتمەس بۇ داغ .

ئۇشبۇ داغدىن گۈل يۈزۈڭگە يەتمىدى ھېچبىر زەرەر،

بۇ ئەسەر بىر مەڭ بولۇپ، ھۆسنۈڭنى ئارتتۇردى مەگەر.

بىر قاراشتا گۈل يۈزۈڭگە ئاشىق بولدۇم بىقارار،

ئوخشىغان نەركەس كۆزۈڭ خۇددى ئېلېكتر يالتىرار.

لەۋلىرىڭنىڭ قېنى ئانار رەڭگىدىنمۇ ياخشىراق،

چىشلىرىڭ چىن ئۈنچىدىن، تىللىرىڭ مەھبۇبراق.

قاشلىرىڭدۇر يېڭى چىققان ئەينى شەۋۋالنىڭ ئېيى،

سېنىڭ ئالدىڭدا باراۋەردۇر گادا، شاھۇ بېيى.

سېھىرگەر گۈل، كۆزگە ساقچى، كىرپىكىڭ بىر نەيزىدۇر،

ھەرقاراشىڭدا كېلىپ نەيزەڭ يۈرەكنى ئېزىدۇر.

ساچلىرىڭ رەقىبلىرىڭ كۆڭلى كەبى بىر سىر قارا،

ئەۋرىشىمدەك يەلپۈنۈپ سالدى كۆڭۈلگە جىق يارا.

قوللىرىڭنىڭ ئاقلىقى، سۈزۈكلۈكىدىن نۇر چىقۇر،

بۇ قوپال قولۇم بىلەن تۇتسام قولۇڭغا ھۈر [2] چىقۇر.

تەنلىرىڭ ئالماسقا ئوخشاش ئاق سۈزۈك بىر شەئلىدۇر[3]،

خېنە ياققان تىرنىقىڭ مىسلى بەدەخشان لەئلىدۇر.

بويلىرىڭ زىلۋالىقى سەرۋىگە ئوخشار ئەي قەمەر،

كۆرمىدىم ھېچبىر چىرايلىق ساڭا ئوخشاش بىر نەپەر.

تەۋرىنىپ كەتسەڭ ئەجەب يەلپۈنەدۇر بۇ ساچلىرىڭ،

ئىلتىپاتىڭدىن ئۈمىد ئەيلەپ ئاقۇر قان – ياشلىرىم.

قاتتى، قالدى قارىغان يەردە سېنىڭ بۇ شائىرىڭ،

تىلىسەڭ قىلغىل مۇسۇلمان، تىلىسەڭ مەن كاپىرىڭ .

1917 – يىل

 


 

بەختىگۈل[4]

 

بىر كۈنى مەن كوچىدا كۆردۈم ئاجايىپ بىر پەرى،

بىلمىدىم ئۇ قايسى تاغنىڭ، قايسى باغنىڭ بىر گۈلى[5] .

 

بىر قاراشتا سالدى ئوتنى، ئالدى جاننى بۇ خېنىم،

بىر بالا بولدى ماڭا بەزگەك چۈشۈپ تىترەپ تېنىم.

 

كۆرمىسەم قانداق تۆزەرمەن جىق يۈرىكىمدە يارا،

چالا – پۇچۇق بىر كۆرۈش ھەسرەتكە قىلدى مۇپتىلا .

 

قەددى – سىياقىنى كۆرۈپ ئاشىق بولدۇم بىقارار،

ئىشق ئوتى — دوزاخ ئوتى، بۇ كۆڭۈل قانداق چىدار ؟

 

قانچە ماڭدىم ئارقىسىدىن تۇيمىدى بىر – بىر بېسىپ،

بەلكى ھەرگىز بولمىغاي كۆڭلىدە مەندەك بىر غېرىپ .

 

قانچە ئېيتتىم بۇ كۆڭۈلگە قىلمىغىل بىكار يۈرۈش،

ئىستىكىڭ كەتكەي بىكار بولماس نېسىپ داپقۇر [6] كۆرۈش.

 

ئاڭلىغايمۇ بۇ كۆڭۈل ھەر كۈندە قىلغاي مىڭ بېرىش،

يەتمىدى ئەسلا كۆڭۈلگە بۇ بېرىشتىن ھېچ ھېرىش.

 

كۆر، بۇرادەرلەر كۆڭۈلنىڭ بۇ خىيال خامىنىنى،

ئەمدى ئۇقتۇم بەختىگۈل دەيدۇ مۇبارەك نامىنى.

 

ئابدۇخالىق سەن ئەگەر ۋىسالىغا بولساڭ كۆيۈك،

غەيرىي كۆزدىن [7] يوشۇرۇن تۇتقىل يۈرەكىڭدە كۆمۈپ .

1918 – يىل

 

ئۈمىد تەبەسسۇمى

 

ھاي سەتەڭ بالىخان،

سەنمۇ سەن جانان.

كىمدۇر بىلەمسەن،

ئوتۇڭدا يانغان.

 

ئوتلارنى سالدىڭ،

جانلارنى ئالدىڭ.

زېرىككەن چاغدا،

ئۇيقۇغا تالدىڭ.

 

نازىڭ ياراشۇر،

قىزلار قاراشۇر.

ئۆتسە يىگىتلەر،

ئۆيدە تالاشۇر.

 

بىر كۈنلەر بولۇر،

گۈللەر ئاچىلۇر.

ئۇيغۇرنىڭ ئەيىبى،

شۇندا ياپىلۇر.

 

يۈرەك – باغرىم ئېزىلدى

 

سۈتتەك ئاپئاق ئايدىڭدا،

يار خىيالى ئالدىمدا.

سايەم ماڭا ھەمراھدۇر،

يالغۇزلۇقتا يانىمدا.

 

سايەم ھەم ماڭا ئوخشاش،

سۆلىتى بار سۆزى يوق.

قاراپ باقسام مىدىرلايدۇ،

ھەقىقەتتە ئۆزى يوق.

 

يار كەتكىلى دەردىم جىق،

رەڭگىم زەپەردەك سېرىق.

ياردىن ئاجراپ ۋاي ھالىم،

ۋا ھەسرەتا ۋادەرىخ.

 

يار كېتىپ ئەجەب قىلدى،

كېتەرىنى كىم بىلدى.

يار كەتكەننىڭ بۇياقى،

يۈرەك – باغرىم ئېزىلدى [8]

 


 

سېغىنىش

 

ئەي پەرى سەن كەتكىلى بولدى قاراڭغۇ بۇ جاھان،

مېنى يالغۇز مۇندا تاشلاپ، ئاھ، ئەجەب قىلدىڭ يامان.

 

كەتمىدى كەتكەندىكى كۆز بېقىشىڭ [9] ، قاش قېقىشىڭ،

ئىختىيارسىز مەن ئۇزاتتىم، نائىلاج بولدۇڭ راۋان.

 

مەن ئۇزاتقان يەردە تۇردۇم، سەن كۆزۈمدىن يىتكۈچە،

سەن يوقالغاچ ئايلىنىپ باش، يەر بولدى گويا ئاسمان.

 

يىغلىغانغا يانمىدىڭ، ئەسلا يېشىمغا باقمىدىڭ،

خەت – خەۋەرمۇ بەرمىدىڭ ئەي پەرى بولدۇڭ قايان؟

 

يول يىراق، يوق ۋاسىتە دەپ بىكار باھانە ئەيلىمە،

ئوڭىمىزدا بولمىسا، كەلگىل چۈشۈمدە قىل بايان.

 

«كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس» ئابدۇخالىق كۈت ئۈمىد،

سېغىنغانىڭ كېلىدۇ، سۈزۈلۇر شۇنداق جاھان .

 


 

ئويغان

 

ئەي پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،

سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.

بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ،

ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

 

قوپ ! دېدىم، بېشىڭ كۆتۈر! ئۇيقۇڭنى ئاچ!

رەقىبىڭ باشىنى كەس، قانىنى چاچ !

كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،

ئۆلىسەن ئارماندا بىر كۈن نائىلاج .

 

ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،

شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ ؟

قىچقارسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،

ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ ؟!

 

كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،

ئۆز ئىقبالىڭ ھەققىدە ئويلا ئۇزاق.

كەتسە قولدىن بۇ غەنىيمەت پۇرسىتى،

كېلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق .

 

ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا ئەي ئۇيغۇرۇم،

سەپدىشىم، قېرىندىشىم، بىر تۇغقىنىم.

كۆيۈنۈپ ھالىڭغا، ئويغاتسام سېنى،

ئاڭلىمايسەن زادى، نېمە بولغىنىڭ ؟

 

كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،

تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يېتىسەن.

«خەپ!» دېسەڭ ئۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالار،

شۇندا ئۇيغۇر سۆزىگە تەن بېرىسەن.

1920 – يىل

 

ئىنتىزارلىق

 

بېشىڭنى ئېلىپ كەتتىڭ،

بىرمۇ كەلمىدىڭ ئەي يار.

خېتىڭ يوق، خەۋىرىڭمۇ يوق،

دىققەت، ھەيرىتىم ئارتار.

 

ھەر كۈنى قاراپ بويلاپ،

مىڭ مەرتەم سېنى ئويلاپ.

يوللاردا سېنى سوراپ،

ئۆيگە قايتىمەن ناچار.

 

تۈن، كۆز ئۇيقۇدىن قاچتى،

ئوتى ئۆتۈپ تۇتاشتى.

دەردى ھەددىدىن ئاشتى،

ئەھۋالىم يامان دىشۋار.

 

كۆزلىرىم قاماپ قالدى،

مۇنتەزىر بولۇپ تالدى.

يارىم شۇنداق ئوت سالدى،

چىقتى پەلەكتە شەرار[10] .

 

خىيال ئەيلىسەم يېتىپ،

يېنىپ كەلمىدى بېرىپ.

يۈرەك – باغرىمنى يېرىپ،

ئازاب قىلادۇر بىسيار.

 

ھەر كۈن يۈز تۈمەن مىڭ ئوي،

يار كۆرسەتۇرمۇ دەپ بوي.

بولدى ماڭا ئۇلۇغ كوي،

دەپ يارىم قاچان قايتار.

 

كۆز يۇمماي، بولۇر تۈن تاڭ،

ئۇيقۇ كەلمەيدۇ ياتسام.

شۇنداق دەردىڭنى تارتسام،

ئەجەب بولمىدىڭ غەمخار.

 

ھەر تاڭ ئەرتە تۇرارمەن،

ئىشىكىڭدىن سورارمەن.

بەك ئاۋارە يۈرەرمەن،

كۆرسەت يۈزۈڭنى ئاشكار.

 

ئىشىكىڭ ئېتىك مەھكەم،

كىرمەككە ئىلاجىم كەم.

ئاچمامسەن بابۇ كەرەم،

جانغا بەرمىگىل ئازار.

 

كۆرسەتمەمسەن يۈزۈڭنى،

پىنھان قىلىپ ئۆزۈڭنى؟

ئاڭلاتمامسەن سۆزۈڭنى،

ئەيلەپ ئوتقا گىرىپتار ؟

 

ئۇيغۇر زار – زار يىغلار،

بىرمۇ ئاڭلىماس ئۇل يار.

بولدۇم كويۇڭدا خۇمار،

كىمگە قىلارمەن ئىزھار .

1921 – يىل، تۇرپان

باردۇر [11]

 

جاھالەت سەمەرەسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر،

ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر.

زاماننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،

بىرىنى شاڭيو سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.

ئىلىمنىڭ ئىجتىھاتىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،

ئوقۇرمىز — ئوقۇتۇرمىز دەپ سېغىز چايناشىمىز باردۇر.

تەئاۋۇنۇ — تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،

يېڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئورۇپ يىغقانمىز باردۇر.

يەنە يۇرت پايدىسىغا جەمئىي بولماقلىق بەسى مۈشكۈل ،

ئەگەر بىر يەردە توي بولسا، بېرىپ ياتقانمىز باردۇر.

ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،

زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەب چاققانمىز باردۇر.

بىرسى بىر ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،

ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىن ئاپقانمىز باردۇر.

ئەگەر مىللەت ئۈچۈن بىر پۇل چىقىش كەلسە تاپالماسمىز،

چىقىمى يوق ناۋا پۇلغا تولا ئىخلاسىمىز باردۇر.

ئىخۋان ھەم بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە،

مەگەر دوست بولساقمۇ ئەسلىي، بۆلەك مۇددىئايىمىز باردۇر.

خاتائەن دوستىمىزدا بىر ئەيىب زاھىر بولۇپ قالسا،

يوشۇرماي بىرگە ئوننى تېپىپ قاتقانىمىز باردۇر.

بابالار شۆھرىتىنى، غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،

قېلىپ غەپلەت – جاھالەتتە يۇمۇپ كۆز، پو ئاتقانىمىز باردۇر.

كېرەكسىز مۇستەھەپ [12] ئىشلار ئۈچۈن جاننى پىدا قىلماق،

ۋە لېكىن ھەجگە باج ئالسا، توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.

ئويۇن – چاقچاق تۈپەيلىدىن ئۆزئارا بىئەت بولساق،

ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە، ئارىغا ئوت ياققانىمىز باردۇر.

خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم يوقتۇر،

قۇۋلۇقۇ شۇملۇق بىلەن رەڭمۇرەڭ يالغانىمىز باردۇر.

ئىت ئۇرغاننى تونۇر دەپ بار ئىدى بىر تەمسىلى،

لويى، ئامبال ۋە دارىن دەپ سېمىز باققانىمىز باردۇر.

ئىلىم – پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە، ئۈزەر سۇدا،

مىنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.

گۈركىرەك كەلسە ئاپتوموبىل، نېمە بۇ ئەي خۇدايىم دەپ،

ئەقىلنى ئىشلىتەلمەي، ھاڭ – تاڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.

ھۈنەر بىلەن سانائەتتە «يېتىشتۇق»، ئەمدى ئىش پۈتتى،

ئۇماچ ئىچمەككە، خۇمداندا غېدىر قۇيغانىمىز باردۇر.

مىسلى جەننەت تاغۇ – دەريانى بېزەشكە يوق كىشى،

ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.

مۇنەججىم ھەم ئىنژېنېر، ئالىملارنىڭ ئورنىغا،

تونۇ سەللە، نەپسى بالا موللىمىز — سۇلتانىمىز باردۇر.

قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،

قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈرلۈك – تۈمەن بوھتانىمىز باردۇر.

ئەل – يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچىمۇ دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،

كېلۇر بىر كۈن ئاشۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشايمانىمىز باردۇر.

ئابدۇخالىق بەس، يېتەر ئاۋارە بولما، قاقشىما،

شۇ چاغ كەلگەندە بىزلەردە ئازابقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر.

1921 – يىل

 

پەرزەنت [13]

 

غۇنچە گۈلنىڭ سەنئەتىدۇر،

پەرزەنت كۆڭۈلنىڭ.

پەرزەنت بىلەن ئاچىلىدۇ

كۆڭلى مەلۇلنىڭ [14] .

 

پەرزەنت ئۆزى جان قۇشىدۇر

بىگۇمان، بىشەك.

يىپ ئۈزۈلسە تۇرالامدۇ

ئاسماندا لەگلەك ؟!

باھار بولسا، سايرىشىدۇ

خۇشال بۇلبۇللار.

پەرزەنت بىلەن ياشنىشىدۇ

غەمكىن كۆڭۈللەر.

 

پەرزەنت ئۆزى خۇدايىمنىڭ

زور ئىلتىپاتى.

پەرزەنت بىلەن گۈللەر دائىم

كىشى ھاياتى.

 

سالما پەرزەنت ئىككى دۇنيا

كىشىگە رەھمىدەم.

پەرزەنت كۈلسە يۇيۇلار

كۆڭۈلدىكى غەم.

 

خەير، كۆرۈشەرمىز

 

ۋادەرىخا، كەتتى ئۇ جانىم مېنىڭ جاننى ئېلىپ،

ئۇ كېتەردە مەندە جان قايدا، ياغاچ بولدۇم قېتىپ.

 

جادۇ كۆز گۈل كىرپىكى بىرلە يۈرەردە بىر قاراپ،

تاش كۆڭۈلنى قوغۇشۇندەك ئېرىتىپ قىلدى خاراب.

 

مەنىلىك سىرلىق قاراپ: «بولغىن ئامان يارىم» دېدى،

«مەن ئۆزۈم كەتكەن بىلەن سېنىڭ بىلەن يادىم» دېدى.

 

نائىلاج مەنمۇ دېدىم : «بولسۇن مۇبارەك بۇ سەپەر،

تاكى جايىڭغا يېتىپ بارغۇنچە يوللار بىخەتەر.»

 

ئاق بىلەك گەدەنگە چەمبەر، بىرلەشتى ھەر ئىككى تىنىق،

ئالما، ئانار بولدى بىر جۈپ، ئۆپتى تويغۇچە يېنىپ.

 

«خەير، كۆرۈشەرمىز» دېبان، ئايرىلىشتۇق نائىلاج،

ئۇيغۇر يوقاتتى، ئېسىنى، دېدى: بەختىم زادى كاج .

1922 – يىل

 

تۇرپان كېچىسى

 

نېمىدېگەن ئىسسىق، نېمىدېگەن دىمىق،

نېمىدېگەن تىنچىق تۇرپان كېچىسى.

بوغۇلدى نەپەس، بۇرۇقتۇم قەپەس،

تەرلىتەر چىپ – چىپ، تۇرپان كېچىسى.

 

سايلاردىن سوقسا ئىسسىق شاماللار،

يىغلار بۆشۈكتە تەرلەپ بالىلار.

ئەللەي ئېتىدۇ، بەزلەپ ئانىلار،

نېمىدېگەن تىنچىق تۇرپان كېچىسى.

 

تۇرار جىمىرلاپ كۆكتە يۇلتۇزلار،

باغلاردا سولغۇن گۈللەر – قۇندۇزلار.

يەلپۈگۈچ قولدا، زارلانغان سۆزلەر،

نېمىدېگەن تىنچىق تۇرپان كېچىسى.

 

جۈجەملەر گويا تامچىلىغان ياش،

يىغلاۋاتقاندەك يۇرتتا قېرى – ياش.

قاچان چىقاركىن، قۇياش ئېتىپ قاش؟

دەھشەت قاراڭغۇ، تۇرپان كېچىسى.

 

قاچان نۇر چېچىپ ئاتار ئالتۇن تاڭ،

ئاتمامدىكىن دەپ، بولمىغىن ھاڭ – تاڭ.

سۈبھى يورۇدى، يورۇدى بۇ تاڭ،

بەرىبىر ئۆتەر تۇرپان كېچىسى.

1922 – يىل

 


 

باھار چېچىكىدىن بىر تەسىر [15]

 

نازىنىن نازلىق چېچەك، كىملەر ساڭا مەپتۇن ئەمەس،

گەر نېسىپ بولسا جامالىڭ، كىمدۇر ئۇ مەجنۇن ئەمەس.

 

قىش بويى قويۇق بۇلۇت ئاستىدا مۇزلاپ بۇ كۆڭۈل ،

كۈن كۆرەلمەي، تىن سۈرەلمەي غەمگە پاتتى بۇ كۆڭۈل.

 

بۇ زەئىپ كۆكرەكتە ئۇل يارنىڭ خىيالى مۇتتەسىل؟

كۆيدۈرۈپ كۆپ ئۆرتىدى، كۆپ قالدى سۆزلەردىن بۇ تىل.

 

كېچە مەن كۆرگەچ چېچەكنى خۇددى كۆرۈشتۈم يار ئىلە،

يىغلىدىم بىئىختىيار ئەرزىمنى ئېيتتىم زار ئىلە.

 

دېدىم : ئەي مەھبۇبى شاھى، مېنىڭ بۇ ئەرزىمنى ئال،

لۇتفى قىل مۇڭداشقىلى، بىرنەچچە كۈن يانىمدا قال.

 

ئەرزۇ ھالىمنى ساڭا باشتىن – ئاياغ قىلسام بايان،

دىلدىكى ئارمانۇ ئارزۇيۇم بولغۇسى ئاز – ماز ئايان.

 

ئەي، پەرىلەر نە ئۈچۈن سىزلەردە يوق، قىلچە ۋاپا؟

كۆيدۈرۈپ مەجنۇن قىلىپ، جانغا قىلۇرسىزلەر جاپا.

 

قايتۇرۇڭ لۇتفەن جاۋاب، ئاشىقنىڭ كۆڭلىن تىندۇرۇڭ،

بىۋاپالىق رەسمىنى، ئەھدىنى ئەمدى سۇندۇرۇڭ .

 

ئاڭلىغاچ ئاقتى چېچەكىمنىڭ كۆزىدىن ياش تارام،

كۆپ پۇشايمانلار يېدىم، ئېيتقان سۆزۈمگە مەن قارام.

 

كۆزنى باستى قاپقاراڭغۇلۇق، جاھان زۇلمەت بولۇپ،

ئىختىيارسىز كۆزلىرىمدىن ئاقتى قانلىق ياش تولۇپ.

 

كۆيدى ئۇل شاھى چېچەك ھالى پەرىشانىم قاراپ،

سورىدى : «ئەي بىچارە ئاشىق، نە ئۈچۈن ھالىڭ خاراب؟...»

 

يىغا قايناپ بۇ تىلىم سۆزلەرگە ھالى يوق ئىدى،

ئۇدۇلۇمدا ئۇل چېچەك خۇددى قىزىل بىر چوي ئىدى.

 

دېدى: «ئەي بىچارە، مىسكىن، يىغلىما، ھالىڭ دېگىل،

بىلگىنىمچە مۇڭدىشاي، بولسۇن پىدا جانۇ ۋە دىل.»

 

يىغلىبان دېدىم : «پەلەك باشىمغا نە كوي سالمىدى،

يىغلىماقتىن تاشقىرى بەندەڭدە ھېچ كوي قالمىدى.»

دېدى : «ئەي نادان، بىلەمسەن تاش باغىردۇر بۇ پەلەك،

كۆرمىدىڭمۇ ئۈندۈرۈر ئۇ بىر پەلەكتىن مىڭ خەمەك.»

1923 – يىل

 

قايدىسەن [16]

 

ئەي، ماڭا ئوتلار سېلىپ، ئەقلىمنى ئالغان قايدىسەن؟

بېشىمغا غەم ياغدۇرۇپ، كويلارغا سالغان قايدىسەن؟

بارمىدى يا بىر ئۆچۈڭ، يالغۇز ماڭا يەتتى كۈچۈڭ،

يوقلىمايسەنغۇ كېلىپ، تۈنلەردە بالىجان قايدىسەن؟

بۇ جاھان تار كەلدىمۇ، ھەمراھ بولۇش ھار كەلدىمۇ،

دەردى دەۋران ئۈستىگە ئىشقىڭنى قوشقان قايدىسەن؟

سەنسىز زۇلمەتتۇر جاھان، نۇر ئېمەر سەندىن قاچان،

سەن ئۈچۈن تىكىلدى جان، بولمامسەن قالقان، قايدىسەن؟

1923 – يىل، تۇرپان

 

قىل باھار

 

ئىچ پۇشۇپ كۆڭلۈم يېرىم ، يار كەلمىدى دەپ خارۇ زار،

يوق ۋۇجۇدۇم خۇشلۇقى، بولدى خىيالىم تارۇ مار.

دەسلىپى يالغۇز غېرىب، ئەلۋەتتە يالغۇز كەچكىچە،

قايسى ياقتىن يار كېلۇر، دەپ جىق يولىغا ئىنتىزار.

كاشكى تۈنلەردە جانىم قىلسىچۇ ئەرزۇ جامال،

ياكى توختاتسا پالان چاغ كۆرۈشكەيمىز، دەپ قارار.

ۋاقىتنى ساقلاپ كۆڭۈلگە ھاي بېرىپ : «سەن ساقلا» دەپ،

بۇ ئۈمىد بىرلە كۆڭۈل بەلكى كەچۈرگەي روزىغار.

قايسى كۈن كىردى سارايىغا يەنە بىر چىقمىدى،

باقمىدى قايتىپ مېنىڭ ھالىمغا ئۇ شەپقەت شوئار [17] .

ياكى بولماس بارغىلى ئورداڭنىڭ ئالدىغا جېنىم،

پاسىبانلىقتا تۇرۇپتۇ قانچە – قانچە ئەجدىھار.

بويلىغان بىرلە يىراقتىن زەررىچە يوق پائىدە،

ياكى بولمايسەن راۋاقتىن بەزى – بەزى ئاشكار.

بىۋاپا ياردىن ئۈمىد ئۈزگىل، دېسەممۇ گاھىدا،

شەۋقى بارغانچە ئاشۇر يوقتۇر كۆڭۈلگە ئىختىيار.

مەيلى يوق، زوقى كۆڭۈل ياردىن بۆلەك ھېچ ئۆزگىگە،

يوق بۇ چاغدا بىر رەپىق ياكى غېمىمگە غەمگۇزار.

مەستۇ مەدھوشتۇر كۆڭۈل يارنىڭ پىراقىدا ھامان،

بولمىسا قانداقسىگە بولغاي كۆڭۈللەر ھوشيار.

بىلمىدىم، مەن ھەم ئۇنىڭ يادىدا بارمۇ ياكى يوق،

ياكى كەلسەممۇ بىلىندۈرمەي قىلامدۇ ئۇ ۋىقار[18] .

ياكى ئۆزۈمنى بىلمىدىم ياكى خىيالىنى نەتەي،

مەن تەرەددۇت بىرلە ھەيرەتتە يامان بولدۇم خۇمار.

لۇتپى قىل، كۆرسەت جامالىڭنى، قاچۇرماي ئەي جېنىم،

تاشلىما، بىئېتىبار، ئەرزىمنى جان قىل ئېتىبار.

مۇددىئايىم شۇ، قىيا بىر باقسا ئۇ ساھىبجامال،

ھىممىتىم نەرخى كۆتۈرۈلسە ئېشىپ ئەندەك بازار.

دەۋرى جەبرىدىن ئىسىت ! ھالىڭغا ئۇيغۇر ۋايىكىم،

قىش كېلىپ مۇزلاتمىسۇن، پاتراق غەنىيمەت قىل باھار !

 

بىر پەلەكنىڭ خەمىكى [19]

 

سۈتكە ئوخشاش كېچە، ئاق ئايدىڭدا يالغۇز بىر يىگىت،

بىر خىيال ئويغا چۆمۈپ، يۇمغان كۆزىنى باش ئېگىپ.

 

ئاڭا مەن سالسام قۇلاق، گاھىدا ئاھى ئاڭلىنۇر،

بىلىنۇر ئۇشبۇ قىياپەتتىن ئۇنىڭ جىق دەردى زور.

 

ئاستىلاپ بېرىپ يېقىن، مەن ئاڭا بەردىم سالام،

— نېمە بولدى ئەي ئاداش؟ - دەپ باشلىدىم ئاۋۋال كالام.

 

— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، رەھمەت ساڭا، سورىما، - دېدى،

— قوزغىما كونا كېسەلنى، كەت نېرى، تۇرما، - دېدى.

 

دېدىم : - ئەي جېنىم قېرىنداش، بولماسمۇ ياردەم بەرگىلى،

نېمە دەرد ئىدى ئۇ دەردىڭ، بولماسمۇ دەرمان بولغىلى ؟

 

بوزىرىپ ماڭا قاراپ، بېشىنى نەچچە تاتىلىدى،

قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئايغا قاراپ سۆز باشلىدى:

 

— تاڭ سەھەر، سۈبھى ئىدى، نە بولدى قارا باستىمۇ،

غەلىتە ھايۋاننى كۆردۈم، قاۋانمۇ يا ئالۋاستىمۇ ؟

 

دۇچار بوپتىمەن چۈشۈمدە قاتتىق باش ئاغرىقىغا،

ئىزدىنىپ تاپماپتىمەن بۇ دەردىمە ھېچبىر شىپا.

 

خىزىر ئىلياسمۇ دېگەيمەن ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي :

— گۈل ھىدى داۋا، - دېدى، - كۆڭلۈڭ ئاشۇنى خالىغاي.

 

گۈلنى ئىزدەپ گۈل – گۈلىستانغا قاراپ قىلدىم يۈرۈش،

شۇ ئۈمىد دەردكە داۋا بولغايمۇ دەپ گۈلنى كۆرۈش.

 

تىترىدى ئەزالىرىم، سوقتى يۈرەكلەر شۇ زامان،

بېشىمغا ئۆرلەپتۇ سەپرا، ئاغرىقى ئاندىن يامان.

 

قارىسام غەلىتە ھايۋان، باغقا ئىكەن پاسىبان،

چوڭلۇقى ئىت بىرلە تەڭ، خۇنسا ئىكەن جىنسى قاۋان.

 

مەن بۇنى كۆرگەچ دېدىم : «نەدىن كېلىپتۇ بۇ بالا!

بۇ مەرەزدىن ساقلىسۇن ھەر بەندە مۆمىننى خۇدا! ...

 

باغۋەن كۆرسە نىجىسنى باغقا يول قويماس ئىدى،

ئۆلتۈرەر ئىدى بېسىپ قايناق سۇغا، سويماس ئىدى».

 

ئەلھەزەر ئەيلەپتىمەن ئۇنىڭ قاباھەت تۇرقىدىن،

چۆچۈپ ئويغاندىم شۇئان مەن سەسكىنىبان ئۇيقۇدىن[20] .

 

ئەتىگەندىن تا بۇ كەمگە زادى ئۇيقۇم كەلمىدى،

قورقۇنچلۇق بۇ قارا چۈشمۇ ئېسىمدىن كەتمىدى.

 

تىنمىدىم ھېچكىمگىمۇ، بولغاي نېمە چۈش تەبىرى؟

توغرا تەبىرىڭنى بەرگىل، كەل يېقىن، ئاداش بېرى.

 

«ئەي ئاداش، چۈشۈڭدە كۆرگەن شۇم پەلەكنىڭ تەقدىرى،

ئوڭۇڭدا كۆرگەنلىرىڭنىڭ چۈشۈڭدىكى بىر تەمسىلى .

 

مەنمۇ ئۇزۇندىن بېرى شۇنداق خىيالنى كۆپ قىلىپ،

كۆزلىرىمدىن قاچتى ئۇيقۇ، يۈرۈردۇرمەن تۈن كېزىپ.»

 

ئىككى دەردمەن مۇڭدىشىشقا بۇمۇ پۇرسەت كەلگىنى،

ئەسلىمىز ھەم ۋەسلىمىزدۇر بىر پەلەكنىڭ خەمىكى.

 

بولمىسا ياخشى رەپىق، بولغاي ھامان كۆڭلۈڭ چېچىق،

ئۇيغۇرا، تۈن ئىلكىدە تاپتىڭ ئۆزۈڭگە بىر سىدىق [21] .

1925 – يىل

 

پىغان

 

سەھەرلەر ئاھۇ ئەپغانىم چىقار يەتتە پەلەكلەرگە،

يېتىشتى بۇ مېنىڭ زارىم، پەلەكلەردە مەلەكلەرگە[22] .

تەپەككۇر دېڭىزىغا غەرق بولۇپ ھەريانە مەن شۇڭغۇپ،

ئۆزۈمنى ئەيلىدىم تۆھپە، دېڭىز ئىچرە سەمەكلەرگە [23] .

 

چىقىپ كۆككە، كىرىپ يەرگە، ھەمىشە ئىستىدىم ۋەسلىڭ،

بۇ ئادەت ئۆزرە كۆپ ئۆتتى قارارسىز ئۇشبۇ تۆت پەسلىڭ.

تېخى يوق ئىلتىپات ، ھېچ بىلمىدىم ئول مۇددىئا ئەسلىڭ،

مېنى ئاۋارە قىلماقچى، تېگىدە ئويلىغان قەستىڭ ؟

 

ئەگەر قەستىڭ ئاشۇلدۇر بولغايمەن دائىمىي ئاۋارە،

سېنىڭ رايىڭ شۇبۇ بولسا تېپىلغايمۇ بۆلەك چارە.

بۇ دەردىم بىداۋا بولدى، داۋالار قىلمىغاي كارە،

ئاتاپ قويدۇم ئۆزۈمنى مەيلى بولساممۇ مىڭ پارە.

 

سېنىڭ ئىشقىڭدا كۆيمەكنى ئۆزۈمگە ئىپتىخار بىلدىم،

سېنىڭ ھەققىڭ ئۈچۈن جاننى مىڭ كەررە نەزىر قىلدىم.

يۈرەكنى پارچىلاشقا ئېھتىياج يوق، مەن ئۆزۈم قىلدىم،

قىلۇرمۇ ئىلتىپات دەپ، دەرگاھىڭغا باش ئۇرۇپ كەلدىم.

 

تەرەھھۇم [24] ئەيلىمەك ئەسلىي مۇناسىپتۇر ساڭا ئەي شاھ،

مېنى ئوتقا ئۆزۈڭ تاشلاپ، بولامسەن مۇنچە بىپەرۋا.

سېنىڭ ۋەسىپىڭ ئەمەسمۇ رەھىم قىلماقلىق ئەي خۇداۋەندە،

تەرەھھۇم قىل، تەرەھھۇم قىل، تەرەھھۇم ئەيلە مەئبۇدا [25] .

 

كېلۇر تاڭلا نە ئىشلار بولغۇسىنى ئەيلىدىڭ مەجھۇل [26] .

ۋىسالىڭدىن خەۋەر بەرمەي مېنى سەن قىلمىغىل مەقتۇل[27] .

ئەگەر يانسام يولۇمدىن [28] بۇ ئىشىمغا مەن ئۆزۈم مەسئۇل ،

بۇ مىسكىن شائىرىڭ دۇئاسىنى ئەيلىگىل مەقبۇل [29] .

 

ھار

 

ئوت ھارۋىسى بىلەن ياكى ھاۋا كېمە بىلەن،

يول يۈرۈش يۈرمەك، يولىن تاپقاننىڭكى.

 

چۆل ئارا غىچىڭلىتىپ، يول ئۈستىگە تىنماي سىيىپ،

ئارقىدا قالماق ھارۋىغا كالا قاتقاننىڭكى.

 

مەرىكىدە كىيگىلى بولماس، لېكىن ئۇ ئوبدان نېمە،

خىزمىتى چوڭدۇر ئەجەب، تۈنلەردە بۇ يوتقاننىڭكى.

 

ھاكىمى مۇتلەق بولۇپ، پارا يەپ، يامبۇ قويۇپ،

ئەينى توڭگۇزدەك سەمرىمەك، يامۇلدا ئولتۇرغاننىڭكى.

 

زۇلۇمغا مەھكۇم بولۇپ، باش ئۇرۇپ، قول قوۋۇشتۇرۇپ،

نېمە دېسە راست دېمەك، قوللۇقتا قالغاننىڭكى.

 

ۋەزنى يېرىم پۇڭ ئەمەلگە مىنىپ، سىغماي تېرىگە،

ئەلنى سالماق پېرىگە، يالاقتا جان باققاننىڭكى.

 

ئىلىم – پەنگە يول ئېچىپ، جەۋلان قىلىپ نۇر چېچىپ،

يايرىماق كۆكرەك كېرىپ، تەدبىر – ئەقىل تاپقاننىڭكى.

 

پەنگە قارشى كاپشىماق، خۇددى ئىتتەك ھاۋشىماق،

خارۇ زەبۇن ياشىماق، تەرسا – تەتۈر ناداننىڭكى .

 

تەۋبە — تەقسىر ئوقۇشۇپ، كانايدىن ئالسا قورقۇشۇپ،

ئەستاغپۇرۇللا ئوقۇش، ئالۋاستى باسقاننىڭكى.

 

ئۇيغۇرا كۆپ سۆزلىمە، جاھىلنىڭ بەختىن كۆزلىمە،

ھەق تېپىلماس بۇ جاھاندا، ھەممە ئىش يالغاننىڭكى .

1925 – يىل

 

غەزەپ ۋە زار

 

ئەي پەلەك، بۇ دەھشىتىڭدىن ئىنتىھا بىزارىمەن،

ئىستىدىم كۆپ، تاپمىدىم بۇ دەردىمە ھېچ دارىمەن.

ئاتا – بوۋامدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،

گاھ ئۆلۈپ، گاھ تىرىلىپ، كۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن.

بىر پۇراپ كۈلسەم نە ئارمان، بېغىم باھارى گۈلىنى،

ھەر سەھەر گۈل ئىشقىدا بۇلبۇلغا ئوخشاش زارىمەن.

دوستلىرىم ئوۋغا چىقاردا كەلتۈرەر مىسالىغا،

قارچىغا قۇشلار ئۇلار، مەن مىسالى سارىمەن.

يۈزمۇ يۈز قىلماس تەئەررۇز[30] كۆپ كۆڭۈلچاندۇر ئۇلار ،

كۆرمىسەم چاينار نىجىس گوياكى دىل ئازارىمەن.

لائەقىل دەپ ئويلىدى، چىندىن نەزەر سالماي تۇرۇپ،

يېڭىلىپ كەتتى ئۇلار، كۆپتىن بېرى ھوشيارىمەن.

قولىدىن كەلمەيدۇ ئىش، دائىم غىدىقلايدۇ مېنى،

مەن ئۇلارنىڭ شۇ سۆزىگە بەكمۇ بەك خۇنبارىمەن [31] .

پەنگە ماڭساق كۆز ئېچىپ، كاپىر، جەدىت دەپ قارغىشۇر،

بۇ ھاماقەت دەۋرىدە ئاتەش [32] بولۇپ يانارىمەن.

چۆل – جەزىرە، دەشتۇ سەھرا ئىچرە قالدىم نائىلاج ،

ئاھ قاچان بىر يول تېپىپ، قوشۇلاي قاتارىمەن.

سۇغا تەشنادۇر بۇ چۆل، بىپايان مۇنبەت زېمىن،

مىسلى دەريا تاپماي ئېقىش، قاينام بولۇپ قاينارىمەن.

ئويغىنىپ كەتتى جاھان، مەغرىبى – مەشرىق تامام،

مەن تېخى سۈت ئۇيقۇدا، چۈش كۆرۈپ ياتارىمەن.

باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق ،

مەن مىسال يالاڭ ئاياغ، دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.

ئىلىم – پەندىن يوق خەۋەر، باستى غەپلەت، خەۋپ – خەتەر،

ھالىمىز قۇلدىن بەتتەر، قانداق چىداپ تۇرارىمەن.

تىل - ھاقارەت، تەنە – دىخمار[33] ۋايداد! ... بۇ جاننى قىينىدى،

ئەمدى نە قىلماق كېرەك، ئەجەبمۇ بولدۇم خارىمەن.

زۇلۇمنىڭ ئوكيانىدىن تاپماي پاراغەت ئارىلى،

تاغ كەبى دولقۇندا ئۆرلەپ [34] ھەققە ئاھ ئۇرارىمەن.

دەۋرى جەبرىدىن ئىسىت ! ھالىڭغا ئۇيغۇر ۋايىكىم،

جاننى ئالىقانغا ئېلىپ چىق، تاپمايسەن باشقا چارىسەن !

1927 – يىل

 

ئۈزۈلمەس ئۈمىد [35]

 

ھاۋادا كۆپ بۇلۇتلار بار، داۋام شۇنداق تۇتۇلغايمۇ ؟

قۇياشنىڭ نۇرى پاكى ئۇشبۇ مانئىدىن قۇتۇلغايمۇ ؟

قۇياشنىڭ تەمكىنى باردۇر، ساچۇر نۇرىن داۋام ئەيلەر،

سۇباتى يوق بۇلۇتلارغا ئۇنىڭ كەيپى بۇزۇلغايمۇ ؟

قۇياشقا دالدا قىلماقلىق ئۇ ئەقىلسىزلىق دەلىلىدۇر،

سېنىڭ بۇ يۇققا بۆز خالتاڭ بىگىزلەرنى يوشۇرغايمۇ ؟

كېرەك بولسا ئەگەر خالتا، بۇ سۆزگە تېز چۈشەنگەيلەر،

تېشىلسە خالتىسى تاقتۇر، بۆلەك خالتا تاپالىغايمۇ ؟

نە چارە ئۇقمىدى ئەخمەق، سولاپ بۆز خالتىغا بىگىز،

چىقىپ داھىي ئۈگۈتلەر بۇ جامائەتكە ئۇقتۇرالىغايمۇ ؟

ئۈگۈتلەر توختىماستىن، ئۇ ئۈگۈتلەشكە ئۈمىدى زور،

چۈشەنمەي بېزىرىپ تۇرغان بىلەن ھەم توختىتالىغايمۇ ؟

كۆتۈر خالتاڭنى ئەي ئەخمەق، بۆلەك يەرگە كېرەك قىلغىل،

كۆرەمسەن ئۇچى ئۇچلۇق بۇ بىگىزنى بۆز ياپالىغايمۇ ؟

چىقار بوران تەرەپبال [36] ئەگەر ھېچ ئويلىماي تۇرساڭ ،

ئەگەر قاتتىق چىقىپ كەتسە، يېپىپ تۈڭلۈك ئالالىغايمۇ ؟

جاھالەت بۇلۇتى توستى قۇياشنى ھېچ كۆرۈپ بولماس،

مۇقەددەس ئۇ قۇياشنى بۇ دىيار قايتا كۆرەلىگەيمۇ ؟

ئوقۇتماي بالىلار ئاخىر، يېرىم ناننى تاپالىغايمۇ ؟

ئوقۇڭلار، ئوقۇڭلار، ھاۋا ھەم ئەۋزائىنى بۇزدى،

ئەگەر يوق بولسا ھازىرلىق ، بۇ مىللەت ھەم يوقالغايمۇ ؟

چىقىپ بوران تەرەپبال، چۈشمىدى ئەسلا تېمىم يامغۇر،

قۇرۇپ كۆللەر، خاراب بولدى، ھاياتلىققا يېتەلىگەيمۇ ؟

تەرەپبال بوراننىڭ ھەم يامغۇرنىڭ ھېچ تېگى يوقتۇر،

ۋە لېكىن ئابدۇخالىقنىڭ ئۈمىدى ھېچ ئۈزۈلگەيمۇ ؟

 


 

ئاچىل

 

گۈلۈم ئاچىلاي دەيدۇ،

باشقا سانجىلاي دەيدۇ.

يارىمنىڭ يۈرەك ئوتى،

تەنگە يامىشاي دەيدۇ.

 

يارىم ماڭا ناز قىلۇر،

كۈلۈپ مېنى ماز [37] قىلۇر.

يار قەدرىنى بىلمەيسەن،

زىمىستاننى ياز قىلۇر.

 

يار دەردىدە خۇن بولدۇق،

تۈگمەنلەردە ئۇن بولدۇق.

قورقۇنچۇڭدىن قاتتىق تاش،

بىرلىشەلمەي قۇم بولدۇق.

 

ياش تەلەپلەر ئۇخلاشما،

يار يولىدا پۇتلاشما.

يارىم ئۈچۈن جان پىدا،

قەدىمىڭگە مىڭ تىللا .

 

غەيرەت گۈلۈم ئاچىلغىل،

ھىممەت يولۇم ئاچىلغىل .

يارىم ئۈچۈن بەرسەم جان،

قاچان بولسا بىر ئۆلۈم .

 

يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم،

يارىم ئاچىلغىن .

 

يەجۈج – مەجۈج [38]

 

مەنچىڭ [39] غۇلاپ ھەممە خۇش،

بولدى پۇت ھەم قولى بوش.

ئامبال بولۇپ زالىملار،

قاقاقلاشتى تۇشمۇتۇش.

 

ھەر سىڭىدا [40] قىلدى دۇدۇ [41]

ئۆز ئالدىغا ئىدارە .

جۇڭشەننىڭ [42] سۆزلىرىنى،

سانىماي بولار قاتارە.

 

سەنمىنجۇيى [43] يېپىلدى،

قىلماي ئەمەل ۋە كارە.

ئاخىرى بولدى جۇڭگو،

يىگىرمە ئىككى پارە [44] .

 

بۇ پارىلەرنىڭ بىرى،

يۇرتىمىز ئىدى شىنجاڭ .

كۆپى ئۇيغۇر ئاھالى،

يوق ئىدى مۇنداق بىر ئاڭ .

 

ھېچ تۇيمىدۇق بۇ ئىشنى،

ئۆتكۈزدۇق يازۇ قىشنى،

جياڭجۈن بولۇپ ياڭ زېڭشىن،

باشلىۋەتتى قىرىشنى .

 

بار ئىدى قازى، موللا،

ئۈستىدە تونۇ سەللە.

ئەمرىنى تۇتماق ۋاجىپ [45] ،

دەپ چىقاردى پەتىۋا.

 

ياڭ [46] نىڭ خىيالى باشقا،

ئۇستا ئىدى تالاشقا.

ئۇستا ئىدى ئارىدا،

تۈرلۈك نىزا باشلاشقا.

 

ياڭغا بۇ ئىش ئەپ كەلدى،

كەلگەندىمۇ زەپ كەلدى.

بۆرە پاقلان تاپقاندەك،

يۇڭدىمايلا يەپ كەلدى.

 

يەتتە باشلىق يالماۋۇز،

مەھكەم ئورنىشپ ئالدى.

تىللا ھەم يامبۇ بۇلاپ،

تيەنجىندە جاي سالدى.

 

كەتتى بۇ يۇرتنىڭ داڭقى،

ئالتۇن – كۈمۈشنىڭكانى.

يالماۋۇزلار كۆپەيدى،

كۈنسېرى ئېشىپ سانى.

 

چېرىك قويدى قۇمۇلغا ،

شىڭشىڭشيانى توسۇشقا.

قورقار شېرىك چىقار دەپ،

تەييار، ئوڭاي بۇ ئاشقا .

 

قۇمۇلدا ياتت چېرىك ،

بىكارغا لەڭنى [47] جىق يەپ .

تويغۇزدى بۇ قۇمۇلنىڭ ،

خەلقىنى دېدۈرۈپ «خەپ!».

 

ئۆزى، چېرىكى ئوغرى،

ئۆتتى قۇمۇلغا زورى .

ئاخىر بېشىغا چىقتى،

پەن ياۋنەن [48] نىڭ زوھۇرى .

 

ئۇيغۇر يازدى قوشاقنى،

ئىچ – قارنىنى بوشاتتى.

كۆرەڭلىگەن جياڭجۈننى،

يالماۋۇزغا ئوخشاتتى.

1928 – يىل

 

غەيرىتىڭدىن ئايلىناي[49]

 

كۆرمەك نېسىپ بولۇرمۇ،

كۈننىڭ جامالىنى ۋاي.

كۈن ئولتۇرۇپقۇ كەتتى،

چىقمايدىغۇ ئەجەب ئاي ؟

 

ئاپتاپقۇ كەتتى قولدى،

ئۈمىد يوق [50] يەنە ئايدىن.

تۆت ئەتراپقا باقسام مەن،

زۇلمەتتە قالغان ھەر جاي .

 

كۈننىڭ ئىشى بۇ بولسا،

تۈننىڭ ئىشى ئۇ بولسا،

يوللار ئېگىز – پەس بولسا،

قەدەمدە بىر يىقىلغاي ؟

 

زەپت ئالسا ئەزىز تەننى،

غەم قورشىسا ۋەتەننى.

كۆر پۇتتىكى كىشەننى،

قانداق قىلۇر يىقىلماي ؟

 

ھەممىنى قۇلۇم قىلسا،

ھايۋاندەك زۇلۇم قىلسا،

دەپسەندە كۇكۇم قىلسا،

ۋىجدان قانداق چىدىغاي ؟

 

دەرد ئۈستىگە دەرد كەلدى،

كەلگەندىمۇ زەپ كەلدى.

زەرداب توشتى يۈرەككە،

بۇ جان قانداق پايلىغاي .

 

بۇندىن چوڭ بالا يوققۇ ؟

بۇ دەردكە داۋا يوقمۇ؟

نە قىلماق كېرەك ئەمدى؟

ئىسىت جېنىم، ھالىماي .

 

غېمىمىزنى يەيلى بىز،

نېمە دېسەك دەيلى بىز،

قول قوۋۇشتۇرۇپ لەببەي ! دەپ،

نە قىلسا قاراپ تۇرماي.

 

كېلىدۇ ئاشۇنداق كۈن،

گال سىقىلىپ چىقماي ئۈن.

پۇشايمانغا قاچا يوق،

جان قويار يەر قالمىغاي .

 

ئۇيغۇر ئېچىپ كۆزۈڭنى،

تونۇتۇپ قوي ئۆزۈڭنى.

قاچان بولسا بىر ئۆلۈم ،

غەيرىتىڭدىن ئايلىناي .

 

ياز تۈنى [51]

 

ياز كۈنى كۈندۈز قىزىق، بولغاي ھاۋا ئىسسىق ۋە تار،

ھە ركۈنى ئاخشامنى كۆپ جان خالىغي بىئىختىيار.

كېچە ھەركىم ئۆگزىسىدە تاغ شامالىغا قاراپ،

«كەل، جېنىمنىڭ راھىتى» دەپ تەلمۈرەر بەك ئىنتىزار.

كۆك يۈزى ساپ، ئاندا يوق تاب، پارچە يۇلتۇزلار يېقىن،

شۇل يىراقتىن خوپ يېقىنلاشقانغا ئوخشاش پارقىرار .

ھەر كىشى بۇ خۇش ھاۋا ئاستىدا خۇشھاللىق ئىلە،

گەپلىشىپ يانىدا يولداشى بىلەن كۆڭلىن ئاچار.

بار مەگەر شائىر غېرىب، يالغۇز ياتۇر كۆككە قاراپ،

كۆكتە يۇلتۇزلار يانار، يەردە پەقەت شائىر يانار ...

 

ئىشق – مۇھەببەت [52]

 

سەن – سەن يۈرەككە ئوتلارنى سالغان،

ئەقىل – ھوشۇمنى سۆز بىلەن ئالغان.

مۇھەببەت سازىن خۇش ئاۋاز چالغان،

باقمامسەن قىيا، ۋاي سەتەڭ بالىخان.

 

چىنمىدى – يالغان، جاۋاب بەر ئۆزۈڭ،

ياغدەك ياراشۇر ھەسەلدەك سۆزۈڭ.

جانلارنى ئالغان بۇلاقتەك كۆزۈڭ،

سەندۇرسەن مېنىڭ بەخت يۇلتۇزۇم.

 

دەردىڭدە كۆڭۈل ھەر كۈنى غەمدە،

ئىسىت، گۈل ئۆمرۈم ئۆتەمدۇ غەمدە ؟

كەبەڭگە بېقىپ، كۆزدىن ياش ئېقىپ ،

ساقلارمەن جانىم ھەربىر قەدەمدە .

 

قىلغىل ئىلتىپات، كۆرمە بىزنى يات،

ھالىم خەتەردۇر يېتىشكىل پات – پات،

كۆرۈپ بويۇڭنى، سۆيدۈم خۇيۇڭنى،

كۆيگەن يۈرەكنى ئەيلىگىل بىر شاد.

 

تۈنلەردە دائىم تارتۇرمەن ۋايىم،

دەردىڭ قىلىپتۇر دوزاخنى جايىم .

كۆيدۈم ، كۈل بولدۇم، سۆيدۈم قۇل بولدۇم ،

كەلتۈر يادىڭغا بىزنى ھەم جانىم.

 

سەن بىر قىزىل گۈل ، شائىرىڭ بۇلبۇل ،

تۈنلەردە سايرار دەردىڭدە غۇلغۇل .

بىزنى ئۇنتۇما، گۈلنى قۇرۇتما ،

ئۇيغۇر بىچارە بولدى ساڭا قۇل .

1928 – يىل

 

سالام خەت [53]

 

مۇھىبىم ئەكبەرخان سەن سالامەتمۇ نە ھالەتتە،

سالامىمنى ئىلىك ئېلىپ، ئوقۇپ بىل ياخشى سائەتتە.

پولات باي باشلىق بىزنىڭ بۇرادەرلەر نە ئادەتتە،

سالامەت بارمۇ ئەخمەتجان ۋەيا كەتتىمۇ بىر ياققە ؟

تامامىڭنىڭ تامامىغا سالام ئەلۋەتتە – ئەلۋەتتە.

 

چىقىپدۇرمىز قارا يەر [54]دىن، يېتىپدۇرمىز قارا شەھەردە ،

زېرىكسەك سەيلە قىلۇرمىز دەريا ئاخشىمى ھەر ئەرتە.

ئۇيۇشتۇق ئۇيغۇرۇ موڭغۇل، تۇڭگان ھەممە بىر يەرگە،

مۇڭدىشىپ ئوقۇشقىلى بولدى ئەپلىك ئۇشبۇ پۇرسەتتە،

ئۈمىدىم يۇلتۇزى چاقنايدۇ، دەپ بۇ بىر كەلگەن غەنىيمەتتە.

 

يېزىپتۇ ئۈچ كىتاب سۇنۋېن [55] بىرىكەن سەنمىنجۇيى ،

خەلقچىل ھەم ھوقۇق، تۇرمۇش – بۇ ئۈچىكەن ئۇنىڭ مەزمۇنى.

ئەگەر ئاشسا ئەمەلگە بۇ، بىر قەدەر ئىشنىڭ بولغانى،

لېكىن ئەكسىنى قىلماقتا، ھاكىمى مۇتلەقنىڭ قارا قولى،

ئادالەتسىزلىككە قارشى قاينىدۇق ھەر يەردە، ھەر پەيتتە .

 

سىلەردە ھالى ئەھۋالچۇ، ئۆزگىرىش يوق، بىر قېلىپتا تۇرغاندۇ ؟

زۇلۇمنىڭ دەستىدىن ئەل – يۇرت، ۋايداد ! جاندىنمۇ تويغاندۇ ؟

جاھاننىڭ نېمىلىكىنى مىڭدە بىر ئادەمغۇ ئەمدى تۇيغاندۇ ؟

نە قىلماق كېرەك ئەمدى، دەپ ئۆزىگە بىر سوئال قويسا بولمامدۇ؟

نەكەم بولغانلىقىن سەزمەي، يەنىلا ياتقاندۇ غەپلەتتە .

 

كۇرستىن يېڭىلىق كۈتسەڭ : كونا مۇقامى يەنە لاي، لاي، لاي ،

شەيتان شىللىغا مىنگەندەك ، داي – داي سوڭرە ناي، ناي، ناي،

قۇرۇق گەپتىن ئەجەب بەزدۇق ، قۇلاق ئاغرىدى ۋاي، ۋاي، ۋاي،

يالغانغا بولدى پەرداز چىرايلىق گەپ، بۇ يەردە ھاي، ھاي، ھاي،

«ئېغىزدا بار، ئەمەلدە يوق»، پىكىر – تەلەپلەر قالدى بىر چەتتە .

 

سىلەرگە ماددىي خالتام يوق، مەنىۋى خالتام شۇدۇر دوستۇم ،

جاھان بەك كۆپ ئوزۇپ كەتتى، جاھالەتتە، ئۇيقۇدا ئۇيغۇرۇم،

ئويغىنىش ئاچقۇچى ئىزدەپ ئۇنىڭغا خېلى قايغۇردۇم،

پەن – مائارىپ ھەممىدىن ئەلا دېدىم، شۇنى ئىشقا ئاشۇرغۇم ،

ھەممىڭلارغا سالامىم شۇ، قالدى گەپ بولسا، يار – يۆلەكتە .

1928 – يىل ، قارا شەھەر

 

قاملاشمىدى

 

ياڭ [56] ئۆلۈپ تاپتى لەھەت، بولمامدىكەن ھۆرلۈك – ئەرك،

بەرمىسە ھۆرلۈك – ئەرك بۇ ئىشلىرى قاملاشمىدى.

 

ئادىمى ئالماشتىيۇ، يولى، تۈزۈم ئالماشمىدى،

جىن [57] دېگەننىڭ ئىشلىرى مىسقالچىمۇ قاملاشمىدى.

 

ئېتى جىننىڭ ئۆزى جىن، جىننىڭ كۈنى بولغاي قىيىن،

ئېتىبارى بىر تىيىن، قىلغان ئىشى قاملاشمىدى.

 

ئابدۇخالىق نەرە تارت، ئەنە قالقان، ئەنە ئات،

ئۇخلاپ يېتىش بەك ئۇيات، جىننىڭ ئىشى قاملاشمىدى.

1928 – يىل

 

دوستۇمغا خىتاپ

 

ھىممىتىڭدىن، غەيرىتىڭدىن ئۆل، لېكىن ئايرىلمىغىل،

ھەقلىقىن بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر، قايرىلمىغىل.

مانىئىڭ كۆپ بولسىمۇ، قورقماي ئۈزۈپ ئالدىڭغا باس،

تاغۇ تاش، دەريا ئۇلۇغ سۆزلەرگە سەن تاڭ قالمىغىل.

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە، يا غەرق بول، يا تاپ گۆھەر ،

شىر نە يولۋاس كەبى باسقان ئىزىڭدىن ھېچ يانمىغىل .

تۆت تەرەپ ياۋ ھۇۋلىشىپ، سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە،

ئېلىشىپ قانغا بويال، نومۇسنى ھەرگىز ساتمىغىل.

كىمكى ھەق يولغا قەدەم قويسا ئۇتۇق مۇتلەق شۇنىڭ،

بۇ نېچۈك بولغاي كېيىن دەپ، يوق خىيالغا قالمىغىل .

سەن ۋەتەن، مىللەت دېسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،

بول جەسۇر، ئالىي نىشان، كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل .

ئابدۇخالىقنىڭ سۆزى دەپ ئېتىبار قىلماي قېلىپ،

ئۇشبۇ ۋىجداننى كېيىن پۈتمەس ئازابقا سالمىغىل .

1929 – يىل

 

يېقىن بولدى

 

ھاۋا ئۆزگەردى ئەي دوستلار، بىلەمسەن قايسى چاغ بولدى؟

ئۇزۇن ياز مەۋسۇمى ئۆتتى، بۇ زالىم قىش يېقىن بولدى.

تېخى ئۇخلاپ ئاچالماي كۆز، ياتۇرسەن نېمە بولغاندۇ ؟

ئايا ئىخۋان [58] يېقىندۇر قىش، يېقىن بولدى، يېقىن بولدى.

تەۋەككۈل بىرلە ئۇخلاپ، ياخشى پۇرسەتلەر كېتىپ قالدى،

تەۋەككۈل ۋاقتى ئۆتتى، ئىشلىمەس كۈنلەر يېقىن بولدى.

ياتۇرسەن ئۇيقۇ – غەپلەتتە، ئۆلۈكتەك قىمىزلىمايسەن ھېچ،

تەۋەككۈل بىرلە ياتساڭ، قارا باسار تۈنلەر يېقىن بولدى.

سېلىپ ئالۋاڭ يىغىپ كەتسە، قېپىش پاختا بولۇپ مۈشكۈل ،

ھېلىھەم كەتتى تۇ، ئېرخۇا كېتىش، سەنخۇا [59] يېقىن بولدى.

ھارارەت بەرمىگەي، سەنخۇا، لېكىن جايغا بولۇر دالدا،

قوپۇڭلار ! بۇنىڭ كېتىشى ھەم يىراق ئەمەس، يېقىن بولدى.

قوپۇڭلار ئەي بۇرادەرلەر، ئۆلۈشكە بارمۇ مەيلىڭلار،

كىرىشكە ئاز قالدى تۇ، ئېرجيۇ، كىرىش سەنجيۇ [60] يېقىن بولدى.

قوپۇڭ جان قايغۇسىن ئەيلەڭ، ۋاقىت ئاز بولسا ھەم باردۇر،

بۇ پۇرسەت كەتسە قولدىن، جاننى بۇ قىش توڭلىتۇر بولدى.

ئىشىتمەيسەن بۇرادەرلەر، قۇلاقلار پەردىسى ساقمۇ؟

كېكىردەك جىق قىچقىرىپ يىرتىلىشقا ھەم يېقىن بولدى.

1929 – يىل

 

نەقىلاي

 

دوستلىرىم، يورۇمىغان زۇلمەت زاماننى نە قىلاي ،

باسقىلى بولماس تىكەنلىك بۇ زاماننى نە قىلاي.

چەرخى گەردۇن تەسكىرى بىلمەك كېرەك يارەنلىرىم،

تەسكىرى چەرخلىق بولۇپ قالغان زاماننى نە قىلاي .

ئەي پەلەك، ساڭا قاراپ چەرخ ھەم تەتۈر بولدى راۋان،

يول تونۇپ يۈرەلمىگەن قارىغۇ زاماننى نە قىلاي .

نەگە بارساڭ بارچىنىڭ ئاغزىدا بار دەردى ۋەتەن،

ھەردۇقى، داۋاسى يوق، دەردلىك زاماننى نە قىلاي .

سۆزلىگەندە ئۇشبۇ كۈندە بارچە خەلق ئاغزىدا بار،

سۆزلىسەم قەلبلىرى پارچە ياراننى نە قىلاي .

بۇلبۇل بىلەن قاغىنى بىل پەرق قىلماس ھېچ كىشى ،

بۇلبۇلى بىچارىگە زىندان جاھاننى نە قىلاي.

بۇلبۇل ھەم ئىلاجىسىز يۈرۈر بۇ كۈندە باغ ئارا،

سامىئى [61] بۇلبۇلمۇ يوق، مۇنداق زاماننى نە قىلاي .

ئەي پەلەك، سەندىن شىكايەت ئېيتىدۇر بۇ ئۇيغۇرى،

يەتمىسەڭ ھالىمغا سەن سەندەك زاماننى نە قىلاي .

 

ھىجران

(مۇخەممەس)

 

گۈل يۈزى ، شېرىن سۆزى، قىلدى مېنىڭ ئەقلىمنى لال،

بىر چىرايلىقكى ئاجايىپ بىر تاماشايى جامال،

ھۆسنىگە گەپ يوق يەنە ئاندا تولۇق ئەردى كامال،

نەقىش قىلمىشىكى ئەجەب قۇدرەت قولى جەللۇ جالال ،

سۈىتى ھەيرەت نېشىن زېھنىمنى قىلمىش ئىشتىغال،

قالمىدى مەن خەستىدە ئەمدى قىمىرلاشقا ماجال .

 

ئەۋرىشىم يۇمشاقلىقى قۇندۇزغا ئوخشاش قارا ساچ،

ئاق، سۈزۈك يۈزلۈك يەنە ئالما مەڭزلىكتۇر قۇياش،

قارا كۆز يادەك مۇقەۋۋەس، يېڭى ئايدەك قارا قاش،

قۇرۇماس يادى بىلەن ئىككى كۆزۈمدە ئەسلىي ياش،

ئوتىدا كۆيمەكتىن ئۆزگە تاپمىدىم ھېچبىر ئامال،

«ھىجرى دوزاختىن يامان» دەپ راست ئىكەن ئۇشبۇ ماقال .

 

سېنىڭ ئوتۇڭدا كۆيۈپ جىگەر – يۈرەك بولدى كاۋاپ ،

قاپلىدى نېمىمنى سانجىق ، كۈن – تۈنى ھالىم خاراب ،

تەلمۈرۈپ يولۇڭغا قاراپ، كۆزلىرىم كەتتى قاماپ ،

خاھ بىل، خاھ بىلمىگىل ، قويدۇم ساڭا جاننى ئاتاپ،

تاشمىدۇ باغرىڭ سېنىڭ قىلمىغىل مۇنچە ئۇۋال ،

چاقناپ چولپان، ئاتار تاڭ ئۇجۇقۇر زۇلمەت زاۋال .

 

نە كۈنلەر ئېردى ئۇل كۈن، جانان بىلەن مەن ئىدىم ھەمراھ ،

چۇنانى ئۇل مەلىكە، تاج – تەخت، مەن ئىدىم بىر شاھ،

ماكانىم ھۆسنىگە يوق تەڭ، يېتەلمەس پىردەۋسىمۇ ھەتتا،

جاھانغا كەتكەنىدى داڭق، كەيپلەر چۈشمىگەن ئەسلا ،

ئەركىلەپ ئۆسكەنىدىم، ھەممە يەردە بىمالال ،

ھەق ئاتا قىلغانىدى تارىختا چوڭ قۇدرەت، كامال .

 

ئايرىلىپ سەندىن ئىسىت ! ۋەيرانە بولدى خانۇمان ،

باغلىرىم دەپسەندە بولدى، چەيلىدى، يېدى قاۋان ،

ھەممە يەرگە يامرىبان ، بەرمەس ئارام يىلان – چايان ،

مىسلى بولدى بىر قىيامەت، كۆز ئالدىمدا بۇ جاھان ،

كەل جېنىم ھالىمغا باق، نە چارە ۋە نەدۇر ئامال،

قاتتى باشنىڭ ئىچى – تېشى، ئىشقىڭدىمەن ئاشىفتە [62] ھال .

 

ئەي بۇرادەرلەر كۆرۈپ ھالىمنى، ھاڭ – تاڭ قالمىغىل ،

نېمە بولدى بۇ جاھان دەپ سۆزلىمەي ھاڭۋاقمىغىل ،

كەلسە قولدىن مەرھەمەت قىل، تاشقا ئوخشاش قاتمىغىل ،

ۋىجدانىڭنى ئاخىر پۈتمەس ئازابقا سالمىغىل ،

ئابدۇخالىق، خانۇمانىڭنى بىزەت، قولۇڭغا ئال ،

«ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار» قوپ باھار سازىنى چال .

1929 – يىل

 

مەرسىيە [63]

 

ياخشىلاردىن ياخشىراق بىر بىباھا يولداش ئىدىڭ ،

مەجنۇننىڭ لەيلاسىدەك دەردداش ئىدىڭ، سىرداش ئىدىڭ .

بۇ جاھاننىڭ لەززىتىگە سەن ئىدىڭ تەم بەرگۈچى،

ھەم گۈزەل بىر مەنزىرە بولسا ئاڭا يەم بەرگۈچى .

جۈملە خىشۇ ئەقرىبا، خەلق ساڭا مەپتۇن ئىدى.

چوڭ – كىچىك ياخشىلىقىڭدىن بارچىسى مەمنۇن ئىدى .

ئاي ئىدى ئىسمىڭ سېنىڭ ئاي دېمەك لايىق ئىدى،

ئاي دېمەك بەلكى كېلىشمەي، كۈن دېمەك مۇۋاپىق ئىدى.

قىلمىدى بۇ ھالىڭا دەۋران تەھەممۇل ئاقىبەت ،

سالدى ئاغرىقنى تېنىڭگە كەتتى سەندىن ئافىيەت .

ئىنقىلاب بولدى، لەتىف جىسمىڭدا چىقتى ئىختىلال ،

بارچىنىڭ كۆڭلى سېنىڭ ھالىڭغا جىق بولدى مالال .

ئافىيەت بەرگىل خۇدا دەپ كېچىلەر قىلدۇق دۇئا ،

ئاقىبەت قىلدى ئىجابەت ياخشى ئەكسى مۇددىئا.

ئەيلىدۇق ھەققىڭدە بىز، ھەقتىن تەلەپلەر ئۈن قېتىپ،

بولدى ھالىڭ ئۆزگىچە، كۈننىڭ بېشىغا كۈن پېتىپ .

ئىرجىئى ئايات ئىلە كۆكتىن ساڭا كەلدى نىدا،

قىلمىدىم بىردەم تەۋەققىپ ئاقىبەت بولدۇڭ جۇدا.

ئاھىلەر، پەريادىلەر چىقتى پەلەكلەرگە بىر ئۈن،

كەلمىدىڭ قايتىپ ئەجەب، كەلمەمدۇ ھېچ رەھمىڭ بۈگۈن .

ھەقلىقدۇرسەن ، چۈنكى ئالىي روھىڭغا يەر تار ئىدى،

ئالىي روھلار يەر يۈزىدە تۇرمىقى چوڭ ئار ئىدى.

يەر يۈزىدە ئەمدى سەن بىرلە كۆرۈشمەكلىك ماھال ،

خاس سېنىڭ روھىڭغا ئەمدى ياخشىلىق بىرلە ئاتال .

ياخشى ۋەسپىڭ تا قىيامەتكە قەدەر تىلدا بولۇر،

خاس ساڭا بولغان مۇھەببەت تا ئەبەد دىلدا بولۇر .

ھەم سەپەر ئەتتىڭ تەرەپبال يولدا بىزنى تاشلىدىڭ،

ئۇل ئازابلارنىڭ يامانراقى پىراقنى باشلىدىڭ.

كۆرسە مەجنۇن ئۇشبۇ ھالىمنى تېخى [64] مەجنۇن بولۇر،

ياكى پەرھاد كۆرسە ھالىمنى يامان مەھزۇن بولۇر.

سۇ بولۇر ئەھۋالىمە ھەرتاش يۈركلەرنىڭ ئىچى،

چىدىغاي قانداق بۇڭا زەررە مۇھەببەتلىك كىشى.

غۇنچىغا كىم ئاغرىماس، كەتسە سېچىلماستىن قۇرۇپ ،

ياكى بىر ياش گۈل توزۇپ كەتسە ئېچىلماستىن تۇرۇپ.

گۈل ئىدى، كەتتى لېكىن شاخىدا خارە يوق ئىدى،

سۆھبىتىدىن ئەسلىي دىلدا زەررە يارە يوق ئىدى.

تاشلىدىڭ جىسمەن گۈلۈم، روھەن ھامانە بىرگە بول،

ھەم يىراقتۇر، ھەم ئېغىر تۇرمۇشتا قالغان ئۇشبۇ يول.

با رئىدى شائىر سۆزى : «سۇندى قاناتىم قايرىلىپ»،

توغرا چىقتى ئۇشبۇ سۆز، قالدۇق سېنىڭدىن ئايرىلىپ.

قىزغىنىشتۇر ھالىمىز تېخى يەنە تەدبىرى يوق،

ھەقنىڭ ھۆكۈمى بىر بولۇر، ئەسلا بۇنىڭ تەخىرى يوق.

ئاپىرىن شائىر فۇزۇلى، قۇددۇسۇللا ئاپىرىن [65] ،

...

يېشى يىگىرمە تۆت ئىدى مەرھۇمەنىڭ ئەمدى بۇ يىل،

ئايرىلىپ قانداق چىدار، قانداق قىلار ئەمدى بۇ دىل؟

مىڭدە ئۈچ يۈزدۇر قىرىق توققۇز بۇ گۈل سولغان سەنە،

ئەمدى كەلمەس بۇ جاھانغا، بۇ سۈپەتلىكتىن يەنە.

ماھى زۇلقەئدىگە ئون يەتتە ئىدى ماتەم كۈنى،

شەنبە كۈننىڭ چىقىشى، يەكشەنبە كۈن كىرگەن تۈنى .

ياش ئېلىپ كەتتى خۇدا، بەك قىسقا قىلدى ئۆمرىنى ،

جەننەت ئىچرە ئەيلىسۇن ئالتۇن سارايدا ئورنىنى.

بەندىلىك بىرلە ئەگەر بولسا ئۇنىڭدا مەئسىيەت،

سەن غەفۇردۇرسەن خۇدايا ئەيلىگەيسەن مەغپىرەت.

قىل ئىجابەت ئۇيغۇرۇڭنىڭ دۇئاسىنى ئەي خۇدا،

روھىنى شاد ئەيلىگىل ، بەرگىل ئاڭا خەيرۇل جازا .

 

بىۋاپا [66]

 

ھېچ كىشى مەندەك يەنە بۇ دەردكە دۇچار بولمىغاي ،

كۆڭلى قارا بىۋاپاغا ھېچنېمە كار قىلمىغاي .

بولسا بولغاي مىڭ بالاغا مۇپتىلا، ئەمما – لېكىن،

تاش بېغىرلارنىڭ ئوتىغا ئەسلا گىرىپتار بولمىغاي .

ئىشق ئوتىدا كۆيگۈچە خۇمداندا كۆيگەن ياخشىراق ،

بىۋاپا يارنىڭ ئوتى دوزاختا بولغاي، - بولمىغاي .

كۈن – تۈنى ھېچ ئۇيقۇ يوق، كۆيۈك ئازابى قىينىدى ،

تەلۋە بولدۇم يا ساراڭ، ھالىمغا باققاي، - باقمىغاي .

يارسىز ھەر مەنزىرە كۆڭلۈمگە خۇشياقماس مېنىڭ،

مەجنۇنى دەشتنى كېزىپ، لەيلانى تاپقاي – تاپمىغاي .

بىر كۆرۈپ قالدىم نەكۈن، ئىككىنچى نېسىپ بولمىدى،

ئۈز ئۈمىد دېسەم كۆڭۈلگە، تېخىمۇ يالتايمىغاي .

بىۋاپا، كۆڭلى قارا نە بولدى يارىم دېمىدى،

ئۆمۈر باھارىم پەسلى كۈز، يامغۇرى ياغقاي – ياغمىغاي .

بۇ شېئىرنىڭ مىلادىيە 1946 – يىلى (مىنگونىڭ 35 – يىلى 1 – ئاي) كۆچۈرۈلگەن تۇرپاندىن تېپىلغان يەنە بىر نۇسخىسىدا مۇنداقمۇ يېزىلغان.

 

ھېچ قىيىن ھىجران ئوتىدىن يامانراق بولمىغاي ،

ھېچ كىشى مەندەك يەنە بۇ دەردكە دۇچار بولمىغاي .

مەن يانارمەن ئۆرتىنىپ، تەندە جاي تاپتى ئوتى،

يانغانىمدىن، كۆيگەنىمدىن بىر خەۋەردار بولمىغاي .

داد – پەرياد تۈنلىرى بولدى ئىشىم، بارمۇ ئىلاج ،

ئاھ، تەبىئەت مۇختەلىپدۇر دەردكە دەرمان بولمىغاي .

يوق گويا ئەسلىي چىرايلىقتا دېگەن سۆزدۇر قەدىم،

چۈنكى، مەغرۇر ككڭلىدە ئاجىز غېرىبلەر بولمىغاي .

بىر تەرەپتىن چىقتى شامال، بىر لەتىف خۇشبۇي شامال ،

تاڭ سەھەردىن باشقا چاغدا بۇ شامال ھېچ بولمىغاي .

ئەتتى خۇشبۇيى دىماغنى كۈن ۋە تۈن ھەم مۇتتەسىل ،

ئەتىر – ئىپار بۇيى ھەم لېكىن بۇ قىسمەت بولمىغاي .

ئەي شامال ، غېرىب سالامنى يەتكۈز سەن ھامان ،

ئىشقىدا ئاز قالدى جان، كۆپ ئانچە غاپىل بولمىغاي .

ئابدۇخالىق ئوتتا كۆي يا سۇدا ئاق، ۋەسلىگە يەت ،

چىن يىگىت ئېيتقان سۆزىدىن ، يولۋاس ئىزىدىن يانمىغاي .

 

ئۈمىد كەبەم

 

يار ئوتۇڭدا مەن يېنىپ،

كۆيدۈم، قىزىل چوغ بولدۇم.

بۇ ئوتقا مېنى تاشلاپ،

جانان قايان يوق بولدۇڭ.

 

ھەر كېچە تاڭ ئاتقۇچە،

يادىڭ بىلەن مەن ئويغاق .

ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ،

بۇ ھالىم ئۈچۈن ئايغاق .

 

بىرمۇ كەلمىدىڭ يارىم،

مەلۇم بولمىدى ھالىم،

ئەندىشىمۇ قىلمامسەن

تۇتمىسۇن دەپ ئۇۋالىم ؟

 

كەتكەندە كۆزۈڭ بىلەن،

ھەم تاتلىق سۆزۈڭ بىلەن،

سۇغىرىپ ئېلىپ كەتتىڭ ،

يۈرىكىمنى ئۆزۈڭ بىلەن.

 

باردىڭ ئۇنتۇلۇپ قالدۇق،

يولۇڭغا قاراپ قالدۇق ،

دادا! دەپ ئىشقىڭدا ئەمدى،

پەرياد نەغمىسىن چالدۇق .

 

يار دەردىڭ ئۈچۈن پەرياد،

تۈنلەردە چېكىپ ۋايداد.

ئاھىم قىلمىدى تەسىر،

ۋايدادىم، ساڭا ۋايداد !...

 

ئەي مېنىڭ ئۈمىد كەبەم،

ئېچىلمامسەن ئەلەم چەكسەم ،

چىقتى يەنە ئاۋازى،

ئېلىپ سازىمنى چەكسەم .

 

كەلتۈر يادىڭغا جانىم،

قىل خەۋەر تۇرغان جايىڭ ،

بۇ بىچارە غېرىبنى،

سالما ئازابقا دائىم.

 

ئۇيغۇر زار – زار قاقشار،

ۋاپا قىلمىغاچ ئۇل يار،

قەپەستىكى بۇلبۇلدەك ،

ھەسرەت – ئەلىمىم ئارتار.

 

روزى موللىغا[67]

 

روزى موللا، سەنمۇ ئادەم،

توۋا قىل، ئەسلىڭگە يان!

چۈنكى بولدى، سەن يۆلەنگەن،

تاش داۋانىڭ قۇم داۋان.

 

ئەسكە كەلتۈر، خەلقىمىزگە

نى زۇلۇملار ئەيلىدىڭ.

قىلما ئۈمىد، تۇتما ماتەم،

ئەمدى كەتتى شۇل زامان.

 

سەن زالىم بولساڭ خەلققە،

زۇلۇم سېلىپ تىنمىدىڭ.

زار قاقشىتىپ خەلقنى،

قىلچە رەھىم قىلمىدىڭ.

 

ھەر كۈنۈڭنى كەچ قىلالماي

لالما ئىتتەك قانسىراپ.

ئاخىرەتكە بارغىنىڭدا

كۆرەرىڭنى بىلمىدىڭ.

 

جىن شۇرېندىن كەلسە بۇيرۇق ،

بىر خىراجەت توغرۇلۇق .

سەن بىرىنى يۈز قىلىپ،

ھەر كىمگە مىڭ سەر چاپلىغان .

 

كىم ئۇنى چاپسان تۈگەتسە ،

چىقۇر دوزاخ ئاستىدىن.

بولمىسا سەن شەپقەت قىلماي،

پۇت – قولىنى باغلىغان .

 


 

ئىستىمەس

 

ئەي يارىم، ھىجرىڭدە كۆڭلۈم ئىنتىلىشنى ئىستىمەس،

مەن خىتاب قىلسام ۋەتەنگە ئىزدىنىشنى ئىستىمەس.

ئوت بولاتتىم، تولغىناتتىم مەن يېنىپ چاقماقسىمان،

ئەل ئېغىر ياتقۇدا بولدى ھەم بىلىشنى ئىستىمەس.

ئۇ ئۇزۇن، بۇ قىسقا دەپ ھاۋشىپ يۈرىدۇ بەزىلەر،

ئوغرى تەگسە ئۆيدە مالغا ئىز تېپىشنى ئىستىمەس.

ئېھتىياجاتى ئۈچۈن سەن بىر كېڭەش بەرسەڭ ئەگەر،

بىز بىلۇرمىز دەپ تۇرۇپ ئىجرا قىلىشنى ئىستىمەس.

ھام [68] نىڭ ئەۋلادى بۇ كۈن قۇللۇقتا بىرى قالمىدى،

ئۇيغۇر ئەۋلادى بۇنى ئەسلا سېزىشنى ئىستىمەس.

يەپ زەھەر بولدى كېسەل، ئەھۋالىدا كۆپتۇر خەتەر،

مىللىتىم جان چىقسىمۇ داۋالىنىشنى ئىستىمەس.

باشقىلار پويىز، پاراخوتتا ساياھەتلەر قىلۇر،

بىزگە كەلسە بىر قوتۇر ئېشەك مىنىش ئاسان ئەمەس.

ئىزدىدى ھۇما [69] قۇشىنى كۈندە كۆكلەرگە قاراپ،

ئىستىگەنلەر بېشىغا ھۇما قونۇشنى ئىستىمەس.

مىللىتىم تارتقان ئازابىغا كۆڭۈل قانداق چىدار،

ئەل غېرىب ئىڭرايدۇ ئەمما تەۋرىنىشنى ئىستىمەس.

ئابدۇخالىق قىل سۇبات، ئىزدە سىراتەلمۇستەقىم [70] ،

بۇ سۇبات بار يەردە كۆڭلۈم ئۇ ھۇمانى ئىستىمەس.

1930 – يىل

 

كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس

 

مەنزىلى مەقسەت ئۇزاق، تېز ماڭمىدى مىنگەن ئۇلاغ،

تاش قۇراملىقتا مېڭىپ، ئاسقاپ يامان بولدى ياداپ.

 

ئازغىنە بىر ئىستراھەتنى قىلاي ھاسىل دېسەم،

ھېچ ئارام بەرمەس ماڭا تۆت تەرەپتىن ئىت قاۋاپ.

 

گاھى ئوخشارمەن مۇھىت ئاتلاسىدا بىر كېمىگە،

تاغ كەبى دولقۇن ئىچىدە خەس كەبى ھالىم خاراب.

 

بىر چۆكۈپ بىر چىقمەن، تۇنجۇقۇپ بىر تىنىمەن،

كۆرۈنەر ساھىل قاچان، دەپ كۆزلىرىم كەتتى قاماپ.

 

ھەققە باغلىدىم دىلىمنى، ئىشقا سالالماي تىلىمنى،

زوقلىنىپ سوقۇر يۈرەك، مىڭ پارە قىلسىمۇ چاناپ.

 

قان ئۆلۈم خەۋپىدە قالدى، كۆزلىرىمدىن ياندى ئوت،

ئۆلمىسەم غازى ئەگەر، ئۆلسەم شېھىتلەردىن ھېساب.

 

ئېقى ئاق، قارىسى قارا، ھەرگىزمۇ ئاق بولماس قارا،

ئاجرىسۇن مىستىن تازا ئالتۇن كۆيۈپ ئوتتا چىداپ.

 

كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا ئابدۇخالىق ئۆلگۈلۈك،

ئىككىنىڭ بىرىگە تۇرماق ، ھەر جانغا بولسۇن شۇ خىتاب.

1930 – يىل

 

كۆڭۈل خاھىشى

 

تاغ ئېگىزلىكتىن چىقارماس ئات ، مەگەر ئۇ كان بىلەن،

سۇ تېرەنلىكتىن چىقارماس نام – شۆھرىتى مارجان بىلەن.

تۇرمۇشۇم، تۇرغان ئۆيۈم ئاۋۋال قاراشقا بەك تۆۋەن،

تۆت تەرەپكە تارىتۇر خۇش ھىد مەگەر ۋىۆدان بىلەن.

سۆزلىشىشكە، سىردىشىشقا چىن يىگىت، مەردلەر كېرەك،

قىلمىغايمەن ئاشنالىق ئەقلى كور نادان بىلەن.

قاپقاراڭغۇ تۈندە – يالغۇزلۇقتا ھەمراھدۇر چىراي،

ھەر تەرەپكە نۇر چاچۇر ئىلمى ھەم ئېرپان بىلەن.

شۇندا كۆز ئالدىمدا ئايان تاغۇ – دەريا، گۈل – چىمەن،

تۇپرىقى كۆزلەرگە سۈمە، تەرىپى داستان بىلەن.

تولغىنىپ ئىڭرايدۇ ئەل – يۇرت زالىمنىڭ زۇلمىدىن،

چىن يىگىتلەر، ئەزىمەتلەر قۇتقۇزۇر ئىمكان بىلەن.

ھەم سىياسەت تەشۋىشى كۆڭلۈمنى رەنجىتمەس مېنىڭ،

ھېچقاچان ئادەم يېڭىلمەس، ئېلىشىپ ھايۋان بىلەن.

كۈنۇ تۈن ھېچ ئۇيقۇ يوق، ۋىجدان ئازابى يەنىچۇ،

ئەلنى ئويغاتماق تىلەك، تاڭدا بىر چۇقان بىلەن.

مەن زېرىككەندە قەلەم ئەڭ ياخشى بىر سازىم مېنىڭ،

ئېيتىڭىزچۇ، ئۇشبۇ تۇرمۇش تەڭ ئەمەسمۇ خان بىلەن.

ئابدۇخالىق ئۇشبۇ يولدىن قايتما باشىڭ كەتسىمۇ،

ئەلنى قىل غەمدىن خالاس قىلىچنى بوياپ قان بىلەن.

1930 – يىل

 

كۆردۈم

 

قۇياش چىققانغا كۆپ بولدى،

پۈتۈن دۇنيادا كۈندۈزدۇر.

ۋە لېكىن بىزنىڭ شىنجاڭنى

قۇرۇمدەك قاپقارا كۆردۈم .

1930 – يىل

 


 

ئارمان [71]

 

ئەي گۈلۈم كەلگىل يېقىن، لۇتفىڭ ماڭا دەركارىدۇر ،

شائىرىڭ بىسىيار خەتەردە ھەم ئۆزى بىمارىدۇر.

ئىشق كويىدا مېنىڭ ھالىم يامان، بولدى يامان،

مۇنچىلىك ئاۋارە قىلغان ئاي يۈزۈڭ رۇخسارىدۇر.

مۇمكىن بولغايمۇ سېنىڭ ئىشقىڭدا ھېچ يالتايمىقىم،

بۇ خىيال مىڭ كەررە ئۆلمەكتىن يامانراق كارىدۇر.

بىر بېقىپ، ئىككى قاراپ ئوتقا گىرىپتار ئەيلىدىڭ ،

ئەمدى باقمايسەن قاراپ، باقسام دىلىڭ ئەغيارىدۇر.

ساڭا لايىقمۇ غېرىب بىچارىگە قىلماق جاپا ،

قىلىقىڭغا جان پىدا، كەيپىم ئەجەب خۇمارىدۇر.

سەن بۇ دىلنى خەستە قىلما، ھېچ كېلىشمەيدۇ ساڭا ،

زۇلمى قىلماقلىق ساڭا ھېچبىر يېپىشماس ئارىدۇر.

قىلما ناز جانىم چىقار، بابۇ كەرەم ئاچقىل ماڭا،

قان خەتەرلىك خەۋپىدە، كۆڭلۈم تەلەپ دىدارىدۇر.

بىر كۆرۈپ ئۆلسەم يۈزۈڭنى مەندە ئارمان قالمىغاي ،

كەلمىگەي تەرىپكە تىل، كۆڭلۈم بەسى ئاۋارىدۇر.

ئاڭلىغاچ بۇ زارىنى ئىنساپقا كەلگەيمۇ پەرى ،

چۈنكى ئاندا بىر مىجەز بار، زالىمى خۇنخارىدۇر.

كۆيگىنىم گۇناھ بولۇپ، دوزاخقا كىرسەم ئاقىبەت ،

دوزاخ ئىچرە سەن ئۈچۈن كۆيمەككە جان تەييارىدۇر.

ئىستىگەننى ئىستىمەيدۇ بۇ كۆڭۈلنىڭ خاھىشى،

ئىستىمەسنى تولا ئىستەپ يېگىنىم ئازارىدۇر .

ھەقىقەت لازىسى ئاچچىق، سەپەر مۈشكۈل ، يول ئۇزۇن ،

ئاقسا قان، كېسىلسە باش، دىدار تەلەپ قارارىدۇر .

ئابدۇخالىق قىل پىدا جان ، بەلباغنى ئالماپ ئىككى چىگ ،

«جاندىن كەچ جانانغا يەت» بۇ بەكمۇ ئەلا چارىدۇر.

1930 – يىل

 

دەردى دەۋران

(مۇخەممەس)

 

ئۆتۈرمۇ بۇ ئۆمۈر، ئەپسۇس، ئارمانى نادامەتتە ،

تېپىلماس شادلىق شەخس، ئومۇمەن، ھېچ ئالامەتتە،

قايان بارسام ، قايان باقسام، ئومۇمەن ئۇشبۇ ھالەتتە،

نە يەڭلىغ مەنپەئەت باردۇر، بۇ يەڭلىغ ئىستىقامەتتە ،

چۈشەندۈرگۈچى يوقمۇ بۇنى دەۋرى جاھالەتتە.

 

زۇلمى ھەججاجدىن [72] ئېشىپ ، قىلدى زۇلۇم ئۈست – ئۈستىگە،

ئاسارەت خورلۇقى، قوللۇق ئىزاسى كۈندە يۈز تۆگە ،

بۇيار جەبرەن ئاقارغان يۈزنى كۆرسە دەر مىلار [73] كۈگە[74] ،

بىرى – بىرىگە ياردەم بەرمىدى بۇ تەندە ھەر ئۈگە،

يېتەر زالىمنىڭ زۇلمى، ئۆتتى جانىمغا ناھايەتتە .

 

ئەقىلسىزلىق بولۇپ سەنئەت، ھامانە پەيزى ئەھلى خار ،

پەلەك ھەم ھەر زامان ئۇشبۇ ئەقىلسىزلەرنى كۆپ ئاسرار،

ئەقىلسىزلەر تېپىپ قۇۋۋەت جاھان ئاسايىشىن بۇلغار،

«كوزا سۇندۇرغان ئەزىزۇ، سۇ كەلتۈرگەن خار – زار»،

لېۋىمنى چىشلىبان «خەپ!» دەپ تۇرارمەن جىددىي قىياپەتتە .

 

زامانە زورۇ زومبۇنىڭ، تاماشا ھەم راسا كورنىڭ،

خېرىدارنى خۇش قىلدى ياراپ مالى تۆھمەتخورنىڭ،

مەردكە چاپلىماق بوھتان كەسپىدۇر قەسەمخورنىڭ،

ھامان تەتۈرىسىگە ماڭدى پەلەك «پېشانىسى شور»نىڭ،

خەپ! ياقاڭدىن ئالمىسام، ئالۇرمەن تاڭلا، قىيامەتتە.

 

نەقىلاي، ئەي ئاداش، بەر مەسلىھەت، كېڭىشەيلى بىز،

زۇلۇم زەنجىرىن ئۈزۈپ – پاچاقلاپ، مېڭىشقا يول ئاچايلى تېز،

دېدى: «تەقدىر ئىلاھى شۇ، بەندە قولىدىن ئىش كەلمىگەي ھەرگىز»،

ئۇيۇشۇپ بىر يەرگە باش قوشماي ئۆتۈر كۈنلەر جاھالەتتە.

 

ئەزەلدىن ئۇيغۇر، ئىقبالىڭ سېنىڭ شۇنداق قارا كەلدى،

يۈرەك بۇ دەمگىچە ساقسىز، جاراھەتتە يارا كەلدى،

نېمانچە كۆتۈرەلمەسلىك ئەلەملىك ماجىرا كەلدى،

ھەق ئۈۈن ئاچساڭ ئېغىز، كۈندە مىڭ بالا كەلدى ،

تېخىمۇ باغلىبان بەلنى داۋالاپ دەردنى، ياشا سائادەتتە.

 

پەيزى بار[75]

 

قارا چايدا خاسىيەت،

باش ئاغرىقى دەپئى بولۇر.

ئىچسىلە قۇۋۋەت بېرىپ،

تەر چىقىرىشقا پەيزى بار.

 

بۇ كۆمۈر قارا نېمە،

كولاپ ئالۇرلەر خاڭدىن.

دەپئى بولغايلەر زىمىستان ،

بۇ كۆمۈرنىڭ پەيزى بار.

 

ئاق بۇلۇت ئۆرلەپ مانا،

تۇتتى پەلەكنىڭ مۈلكىنى.

قارا بۇلۇت ئۆرلىسە ،

يامغۇر يېغىشقا پەيزى بار.

 

قارا ئەڭگىرما [76] شىپادۇر،

يېسە ئەگەر قۇۋۋەت بېرۇر.

قېرىلار يېسە ئۇنى،

پىشاپ تۇتۇشقا پەيزى بار.

 

ئايلىناي

 

بىر كۆرۈپ ئىككى كۆزۈڭدىن،

ئۈچ بېشىڭدىن ئايلىناي .

تۆت كۆرۈپ قانداق چىداي ،

جاندىن كېچىپ بەش ئايلىناي .

 

ئالتە كۆرسەم مەن بويۇڭنى،

يەتتە تۈرلۈك دەرد بىلەن .

سەكرىبا سەككىز بېرىپ،

توققۇز بېشىڭدىن ئايلىناي .

 

ئون قېتىم كۆرسەم بويۇڭنى،

مەن يۈگۈردۈم ئاھ ئۇرۇپ.

ئوتتۇز ئەيلەپ مەن پىغان ،

قىرىق بېشىڭدىن ئايلىناي .

 

بولسا دۈشمەن ئەللىك – ئاتمىش،

مەنكى مەن بىچارىگە ،

قىلسا سەكسەن پارە مەن،

توقسان بېشىڭدىن ئايلىناي .

 

يۈز كىشى دۈشمەن بولۇپ،

گەر ئىككى يۈز تۇرسا قاراپ .

ئۈچ يۈز ئەيلەپ مەن پىغان ،

تۆت يۈز بېشىڭدىن ئايلىناي .

 

باشىمە بەش يۈز قىلىچ ،

گەر ئالتە يۈز تىغ تەڭلىسە ،

يەتتە يۈز پەرياد ئۇرۇپ،

بىرمىڭ بېشىڭدىن ئايلىناي .

 

چىراغ [77]

 

تۈننى كۈندۈزدەك قىلۇر خۇددى گۆھەر بۇ چىراي ،

نۇرىنى ئالغان قۇياشتىن نۇرى جەۋھەر بۇ چىراي .

 

قاپقاراڭغۇ تۈندە نۇرنىڭ مەنبەئىدۇر بۇ چىراغ ،

تۈندە يول تېپىپ مېڭىشنىڭ مەشئەلىدۇر بۇ چىراغ.

 

تۈندە قەلەم تۇتقىلى بولماس يوقالسا بۇ چىراغ،

قانچە يازسام شۇنچە قاينار، دەرد تېگىدىن ئىشتىياق .

 

ئابدۇخالىق كۈن – تۈنى ئۇيقۇدىن بىدارىسەن،

خۇددى بىر پەرۋانىسەن، كەتمە ھامان نۇردىن يىراق .

 

يامان بولدى

 

ئېزىلدى يار دەردىدە يۈرەكلەر پارچە، قان بولدى،

كۆزۈمدىن كەتتى يار، گويا ماڭا ئاخىر زامان بولدى.

پەلەكنىڭ دەستىدىن پەرياد، مېنىڭ يارىم قايان بولدى،

قېلىپ سەھرادا يالغۇز، ۋاي، ئىشىم ئەمدى يامان بولدى.

 

جېنىمنىڭ دەردىدە بولدى كۆڭۈللەر غەم، ئەلەم كانى،

يوقالدى بۇ كۆڭۈلنىڭ ئۇ ئىشەنگەن ماھى تابانى.

بۇلۇرمۇ ھىممىتى ۋىجدان بۇ ئىشتا دەردى، دەرمانى،

قېلىپ چۆللەردە يالغۇز، ۋاي، ئىشىم ئەمدى يامان بولدى.

 

ئېغىر بىر دەرد ئىكەن يارنىڭ پىراقى، كۆيۈكى ھىجران ،

خىيالى، پىكرى يادىدا كۆيۈپ جان قالمىدى دەرمان.

جېنىمدىن ئاجرىغان كۈن بۇ تىرىكلىك بولدى بىر ئالۋاڭ ،

قېلىپ چۆللەردە يالغۇز، ۋاي، ئىشىم ئەمدى يامان بولدى.

 

كۆڭۈلدە يارنىڭ دەردىدىن، غېمىدىن باشقا بىر ئىش يوق،

قادلدى ھەر كۈنى ئۇشبۇ يۈرەككە يۈز تۈمەن مىڭ ئوق.

ئەجەبمۇ بىچارە بولدۇم مەن، لېكىن ئەسلا ئىلاجىم يوق،

قېلىپ سەھرادا يالغۇز، ۋاي، ئىشىم ئەمدى يامان بولدى.

 

بەر مەدەت [78]

 

دىلىم خەستە ھەم يارادۇر،

ئەي ھەكىم قىلغىل داۋا.

ئۆچسۇن ئۆمرۈمدىن ئەلەم – دەرد،

ھاجىتىم قىلغىل راۋا.

 

سەن ئەگەر ئەتسەڭ داۋا،

تۈگەر پىغانىم بىگۇمان .

شىپايىڭ مەلھەم بولۇپ،

كىرگەي ۋۇجۇد، بۇ تەن ئارا.

 

ئاختۇرۇپ ئالەم قۇچاغىن ،

ساڭا چۈشتى كۆزلىرىم .

ساقايتقىن كۆڭلۈم ياراسىن،

بەر نىجات، بەرگىل شىپا.

 

ساڭا ھاجەتمەن بۇ ئۇيغۇر،

دەردىگە تاپسۇن فارىغ [79] .

ئۈمىدىن قالدۇرما يەردە،

بەر مەدەت، بەرگىل شۇرا [80] .

 


 

ئىللە كىم كۈتە...[81]

 

ئۇل سۆيەلگەن، ئويغا تالغان ،

ئاندە بىلىمىم نى كۈتە.

نەرسە سۈيلى ئىشتىلمى ،

ئىرنەن ئۇل تىك سىلكىتە .

 

بىر قاراماقچى بولا ،

تاغى دە پوسماقچى بولا.

بىر ئورۇندا ئەيلەنە ،

ئايلار ئۆتە ھەم يىل ئۆتە .

 

قىزغانام بىك تۇرلى ئوي،

بىرلەن يوۋاتماقچى بولام .

بىر يوۋاتماسدان ھەمان،

مەجھۇل بىلىنمەس سىر كۈتە.

 

سىر كۈتە ئۇل ئىللەنىندى،

قورقىنجلى سىر كۈتە.

ئۇل كۈتەدە ئۇل كۈتە،

دىب ئىللە بىلبىم ئۈركىتە.

 

سايرىدى ساندۇغاچ ھەماندا،

ئىم، ماتور تاۋشى ئانىڭ .

بىردە ئۇل سالمى قۇلاق ،

زېھنىندە ئىللە كىم كۈتە.

 

كۆردى ئۇيغۇر ھالىنى،

قىزغاندى چەندان يىغلادى .

بىك ئەجەب شۇنىسى لېكىن،

بىلمىم نىگەدۇر كېمىستە .

 

باغ ئارا سەيلە قىلىپ [82]

 

باغ ئارا سەيلە قىلىپ،

بىر دەستە گۈل تاللىدىم.

دەستە گۈللەر ئىچىدىن،

بىر قىزىل گۈل تاللىدىم.

 

سايرىدى نەچچە بۇلبۇل ،

خۇشلىنىپ، خۇشلاندۇرۇپ.

شۇنچە بۇلبۇل ئىچىدىن،

بىرلا بۇلبۇل تاللىدىم.

 

تاللىغىنىم گۈل ئەمەس،

سۆيگەن گۈزەل يارىم مېنىڭ،

بۇ گۈزەل يارىم ئۈچۈن ،

بولسۇن پىدا جانىم مېنىڭ .

 

بەر جاۋاب

 

قانچىلار ياتسا بۇلۇڭدا ئارىسىز ئەپيۈن شوراپ،

قانچىلار شوپاڭدا ئىچسە مەست بولۇپ خەمرە – شاراب .

ئەي چىراغۇ، ئەي ھاراق، بارمۇ نومۇس، بەرگىل جاۋاب ؟

سەن بىلەن بولمامدىكەن، بۇ ھالىمىز زەبۇن، جاراب ؟

 

كەلدى دەپ مېھماننى ئاڭلاپ، ۋاي ئىسىت كەپقالغىنىم ،

ماڭا ئۆلۈم بۇ ھارامغا تەڭ شېرىك بوپقالغىنىم ،

تۇرغىنىمدىن ياخشىراقتۇر، ئۆيگە كېتىپ قالغىنىم ،

ئابدۇخالىق ئولتۇرۇپ، ھېچ تاپمىغاي مۇندا ساۋاب.

1932 – يىل

 

مەرسىيە[83]

 

ئەي پەلەك بۇ جەبىر – زۇلمۇڭغا چىدارىم قالمىدى،

قالمىدى سەۋرىم مېنىڭ تاقەت – قارارىم قالمىدى.

ئەي تەبىئەت ئادىتىڭدىن تاشقىرى قىلدىڭ زۇلۇم.

بۇ زۇلۇمنىڭ دەستىدىن تەندە مادارىم قالمىدى.

 

بىز چىقاردا سالىمول ئەزائىدىن قالغان دادام ،

بىز يېنىپ كەلگۈنچىلىك تېنىدە ھەم جان قالمىدى.

بىز ئۈرۈمچىدە ۋاقىت ئاغرىق ئىدىڭ، قىلدى خەۋەر،

ئاڭلىبان سائەت تۇرۇشقا بىزدە ئىمكان قالمىدى.

 

يۈرمىدى ئاپتوموبىل يا چىقمىدى بىزگە قانات... [84]

نەزىرىگە ئۈلگۈرۈپ كەلدۇق ئەلەملەر ئىچىدە،

... كۆرگەن زامان جاننى قويار يەر قالمىدى.

 

يىلدىن ئاشقان ئەردى ئوڭ يانىمدا يەل بار دېگىلى،

بۇ يېلىگە قىلمىغان دۇنيا داۋاسى قالمىدى.

ئاھ ئۇرۇپ، پەرياد چېكىپ، مىڭ نالە قىلساق تەلمۈرۈپ،

ئەكس سادا يوق قەبرىدىن ھېچبىر نىداسى بولمىدى.

 

ھەر كۈنى قەبرەڭدە مەن قۇرئان تىلاۋەت ئەيلىسەم،

ئەمدى بىزگە، سەندىن ئۆزگە قىلار مۇرۇۋۋەت قالمىدى.

... شۇل سەۋەبلىك ئىچرە قالدۇق باش ئېگىپ ،

سەن كېتىپ دۇنيادا بىزگە زەررە لەززەت قالمىدى.

 

پاتىمە، مەريەملىرىڭنى تاپشۇرۇپ بىزلەرگە سەن،

ئۇشبۇ دۇنيادىن كېتەردە سەندە ئارمان قالمىدى.

ماڭلىيىڭدىن تەر تۆكۈپ تاپقان سېنىڭ مۈلۈكلىرىڭ،

ئۇچرىدى زور بالالەرگە يۇرتۇمدا بوستان قالمىدى.

 

بۇ خەۋەرلەرگە ئۆزۈڭ سەۋر تەھەممۇل ئەيلىدىڭ،

بۇ گۈزەل سەۋرىڭ سېنىڭ بۇ يۇرتتا بىر جان قالمىدى.

 

رۇبائىي ۋە پارچىلار

 

ئاياغ – قوللارنى مەھكەم

باغلىمىش ئارغامچىنى قاتلاپ،

تېرەن يار چېتىگە كەلتۈردى ،

چۈشسۇن دەپ ئاياغ ئاتلاپ .

 

سەن ئۆلۈك دەمسەن مېنى،

مەن ئۆلمىدىم تېخى تىرىك.

بىر مىسال بار : «ئىشەنگەن

تاغ ئارا ياتماس كىيىك.»

 

سەن ئىشەنگەن تاغلىرىڭ ،

پايد بەرمەيدۇ ساڭا.

تاڭلا بەش كۈندىن كېيىن،

زارى يىغلايسەن ماڭا.

 

نېچۈك ئەھۋالدادۇر مىللەت،

ئۇيغۇر ئەۋلادى ئېچىڭ كۆزنى.

قىلىڭ غەيرەت، قىلىپ ھىممەت،

قوپۇڭ، تاشلاپ قۇرۇق سۆزنى .

 

قىلىپ تاقەت زېلىل خارلىق،

يېتىپ كەلدۇق بۇ چاغلارغا.

كېلىپ ياتلار ئىگە بولدى،

قىلىپ زورلۇق ئۇ تاغلارغا .

 

جەبىر – زۇلۇمدىن قۇتۇلماي، ئۆتمەكتە ئۆمۈرلەر تامام،

«يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس» يا يەتمىدى مېنىڭ چامام.

مىسلى كۆزىنى تېڭىپ جۇۋازغا قوشقان سېرىق ئۇي،

تېپىلماس يەر يۈزىدە زۇلۇمغا بىزدەك چىڭ چىدام .

 

ئورىلار كولىنىپ يول ئۈستىگە، ھەر يەرگە قۇرمىش دام،

لېكىن يول يۈرۈش ئىلمىدە كۆزىمىز ناھايەت خام.

قىلۇر ئاقنى قارا، كۆرسەك قىلۇر تۆھمەت يامان بەتنام ،

ھەقىقەتتىن سۆز ئاچساق ، بېرۇر بىزگە يامان دەشنام .

 

ئومۇمىي ھالىمىزغا قايغۇرۇش، بىزلەردە ھاماقەتلىك،

ئالالىساق ئىككى – ئۈچ خوتۇن، دېگەيلەر خوپ شىجائەتلىك.

يوغان سەللە، ئۇزۇن تونلار بىلەن بىزلەر دىيانەتلىك،

كۆرۈشكە زاھىرەن تەقۋا، كۆرۈنمەستە خىيانەتلىك.

 

بۈيۈك ھىممەت نىدا قىلدى : «كۆڭۈل دوستۇم نە بولدۇڭ؟» دەپ،

كۆڭۈل مەھزۇن جاۋاب بەردى : «جاھاندىن رۇغبىتىم قايتۇر».

بۈيۈك ھىممەت دېدى: «ئەي ئابدۇخالىق كۆڭۈلگە ياخشى ئۇختۇرغىل،

مۇراد – مەقسىتىگە يەتكەي، باغلىسۇن بەل يەنە بىر داپقۇر!»

 

دەردى دەۋارانلار ئۇزۇن، ۋايداد! ئۆمۈرلەر قىسقىمىش،

تەجرىبە كەم، ئېھتىياج جىق، ھەر ئىشى بىنۇسخىمىش.

ياخشىدىن كۆپرەك يامانغا نەپسى بىزنى قىستىمىش،

مېۋىسىز بولسا دەرەخ، ئاندا نە ئىش قىلسۇن يېقىش.

 

دىلىمدا يار ھىجرانىڭ، تىلىم زىكرىڭ بىلەن مەشغۇل ،

سېنىڭدۇرمەن، سېنىڭدۇرمەن، ساڭا مەن كەمتەردىن بىر قۇل .

تىرىلدۇر خاھى ئۆلتۈرگىل ، ماڭا لۇتفىڭ ئېرۇر ئەي گۈل ،

مەھبۇبەڭگە مۇھەببەتتىن خەۋەرسىزلەر ئەمەس مەقبۇل .

 

توپىدا ياتسا گۆھەر ،

بولماس باھاسىغا زىيان.

سۇ ئاقۇر ئاققان ئېرىقتىن،

سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

 

ۋايى يۈزمىڭ ۋايىكىم،

بەختىم نەدىن مۇنداق قارا.

قاغىلار قونمىش كۆڭۈل

باغىدا ھەربىر شاخ ئارا .

 

غېرىبنىڭ ھالى مۇزتەردۇر، نەزەر قىلغىل ئايا جانان ،

سېنىڭدۇرمەن ئايا جانان ، ساڭا باشىم بىلەن قۇربان ،

شىپالىق يولنى كۆرسەت ، قىلىپ دەردىم ئۈچۈن دەرمان،

ئۆلۈم ئالدىدا كۆز يۇمماي ئۆلەرمەن قالمىغاي ئارمان.

 

بۇ يول ئوتۇڭدا ئۆرتەندىم، يۈرەك – باغرىم كاۋاپ بولدى،

سېنىڭ دەردىڭنى جىق تارتىپ، پىغانىم بىھېساب بولدى.

ئۇيغۇرا ۋەسلىڭگە يەت! دەپ ۋىجداندىن خىتاب بولدى،

تاقەتكە قالمىدى ۋاقىت، بۇ جان ئەمدى چىداپ بولدى.

 

بىر كۆيگىنىمگە يۈز مەررە ياندىم،

باشتىن – ئاياغ مەن قانغا بويالدىم،

يار نازى ئىلە ئەيلەر كەرەشمە،

رەسۋايىئالەم مەن خوپ ئۇيالدىم.

 

تىكەنلىك بويى يوق، ئۈنگەن زىيانلىق ئۇشبۇ گۈللەردىن ،

چىرايى بولمىسا ھەم مەنپەئەتلىك ئوتلار ئۈنگەن خوپ .

جاھاندا يارى يولداشسىز كۈن ئۆتكۈزمەكمىغۇ مۈشكۈل ،

ئېيىقلار بىرلە سۆھبەتتىن يۈرۈپ چۆللەردە ئۆلگەن خوپ .

 

ھەقىقەتنىڭ روھى قېچىپ كەتتى مېنىڭ دىيارىمدىن ،

نە بولدى خۇش پۇراقى ھېچ كەتمىدى بۇ دىماغىمدىن.

ئىزدىدىم كۆپ، تاپمىدىم شەجەن – روجەن سەھراسىدىن،

ئىزدىبان تاپتىم – دە، ئالدىم لېنىننىڭ گۈلباغىدىن.

 

ئاھ ، قاچان مەلۇم بولۇر، دەردىمنىڭ دەرمانسىزلىقى،

بولسىمۇ، دەردىم قېلىن، تېگىدە ئارمانسىزلىقى.

دەردىڭدە ئاقاردى باش، ئەي ۋاپاسىز باغرى تاش،

روھىمغا بولدى ئازاب، رەقىبىم ۋىجدانسىزلىقى .

 

تاكى ھەر تاڭدا مۇئەززىن ئەلفەلاخ [85] دەپ قىچقىرۇر ،

ئاڭلىمايدۇرلەر بۇ ئۈننى بازار ئارا ئاھەنگىران [86] ،

جان تىكىپ پۇل تاپ دېگەن ئىمامۇ ئەزەم ئىمىش،

قانچە يىل بولدى بۇرادەر ئەجەب چىداپتۇ بۇ چاپان !

 

ئوقۇماي سودىگەرلىك قىلغىنىڭ كۆپ مەنپەئەت قىلماس،

ئېلىپ بەشكە، سېتىپ ئونغا كامالاتىغا يەتكۈزدى .

بالىلارنى ئىبەردۇق دىن ئۈچۈن سەمەرقەندۇ بۇخاراغا ،

بۇلارنىڭ ئەقلىنى ئاللا ھەۋزە ئىستىنجا [87] غا يەتكۈزدى.

 

ئەي قەمەر تەلئەت پەرى، پەيكەر جامالىڭدۇر قۇياش،

مەن نەزەر قىلدىم، گۈزەللەرگە پىدا بولسۇن بۇ باش.

ھەر گۈزەل بولماس چىرايلىق، ھەر چىرايلىق ھەم گۈزەل ،

چىن گۈزەل بولغاي چىرايلىق سۈپىتى بولغاي گۈزەل .

 

ياخشىدىن ياخشى چىقۇر،

چىقار بوغۇن [88] دىن ھەم ھەسەل .

يېمىسەڭ يېمەيدىغان

يېمەكنى بولمايسەن كېسەل.

 

ئاھ، لېكىن زالىم تەبىئەتنىڭ

مىجەزىدۇر تەتۈر.

ئالدىسا خۇددى ھەسەل –

بولغاي زەھەر، تۇيماي كېتۇر.

 

چىقتى ياۋروپا دېگەن يەردە ئاجايىپ بىر سوقۇش [89]،

بۇ سوقۇشقا كىرمىگەن دۇنيادا پادىشاھ قالمىدى.

رۇسىيە ئاقچاسىمۇ [90] سەردىن [91] ئوشۇق توختاپ ئىدى،

ئەمدى بۇ كۈنگە كېلىپ، داچەن [92] گە بىرنى ئالمىدى.

 

يۈرەككە ئوق تېگىپ ياتسام ئىدى ئاستانىدە ھەي – ھەي،

مازارىم گۈل قۇچۇپ قالسا ئىدى بوستانىدا ھەي – ھەي .

ۋەتەننىڭ دانە تۇپراقى گويا ئالتۇن، ھىدى زەپەر،

تەۋەررۈك نامىنى يازسام ئىدى داستانىدا ھەي – ھەي .

 

مۇرەببەلەر

 

ئاھ خىيالىڭدىن يېتىپتۇ جىق ماڭا ئاۋارىلىق،

ئىشق سەۋداسى ئىمىش بىر بىداۋا بىمارىلىق.

يار ساڭا كۆيگەنسېرى كۆڭلۈمدە ئارتۇر يارىلىق،

ئاھ ماڭا يەتكۈزمىگەن دۇنيا ئىمىش غەددارىلىق.

 

مەن ھەمىشە ئويلىغان ئويۇم سېنىڭ ھەققىڭدىدۇر،

ھەم يەنە قىلغان سۆزۈم دائىم سېنىڭ ۋەسلىڭدىدۇر،

بۇ كۆڭۈلنىڭ خۇشلۇقى يوق بولسىمۇ ۋەسلىڭدىدۇر،

ئۇيقۇ يوق تۈنلەر قالۇر، ئاجىز غېرىب بىمارىلىق.

 

ئايرىلىپ سەندىن، شۇبۇ كۈنگە قەدەر يادىمدىسەن،

مىڭ خىيال قىلغان بىلەن دائىم مەگەر يادىمدىسەن،

بۇ قاراڭغۇ كېچىدە ئەي قەمەر، يادىمدىسەن،

كۆرگىلى مانى بولۇر ئاجىز غېرىب بىمارىلىق.

 

ئارزۇ – ئارمانىم مېنىڭ [93]

 

يار ۋەسلىگە يېتىشتۇر

ئارزۇ – ئارمانىم مېنىڭ.

بولغۇسى بىر كۈن نېسىپ

دەردىمگە دەرمانىم مېنىڭ.

 

نا ئۈمىد ئوغلان ئەمەسمەن

مىڭ جاپا چەكسەممۇ گەر،

ھۆرلۈكىن تاپماق ۋەتەننىڭ

ئاھۇ ئەپغانىم مېنىڭ.

 

ئىستەكىڭ يورۇتقۇسى،