English

Türkçe

 

عربي

ئۇيغۇرچە

 

«شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاپ ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

ئابدۇلجېلىل تۇرانAbdul Jelil Turan

 11ـ سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، دۇنيادا مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئۆزلىرىنىڭ ھەق ـ ھوقۇقىنى قوغداۋاتقات، مەقسىتى، چەك ـ چېگرىسى ئېنىق بولغان قانۇنلۇق قوغدىنىش ھەرىكىتى قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن «تېررورىست» دەپ ئەيىبلىنىشىگە ئۇچرىدى. قىزىل خىتايمۇ پۇرسەتنى غەنېمەت بىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقى «تېررورىست» ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇپ قېلىش ئۇچۇن، شەرقىي تۈركىستاندا ئون مىڭلىغان بىگۇنا كىشىلەرگە «تېررورىستلىق» قالپىقىنى كيگۈزۈپ قانلىق باستۇردى، نەچچە ئۇن مىڭلىغان كىشىلەرنى جازالاگىرلىرىغا تاشلىدى. بۇنىڭ سىرتىدا خارىجى ئەللەردە ياشاۋاتقان «تېررورىزم» بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان، پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئىنسانى ھەق ـ ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىۋاتقات شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە «تېررورىست» قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى سىياسىي پائالىيىتىنى تۇختىتىش ئۇچۇن، خىتاي ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرى ئارقىلىق قانۇنسىز تەشۋىقات ۋارىقى ۋە كىتابچىلارنى تارقاتتى. ئارقىدىن تېخىمۇ سىياسىي تەسىر پەيدا قىلىش ئۈچۈن «ئاق تاشلىق كىتاب» نەشىر قىلدى.

يېقىندا خىتاي تور بېتى ئارقىلىق ۋە كىتابچە شەكلىدە تارقاتقان «ئاق تاشلىق كىتاب» ھەققىدە خارىجى ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئىچىدە خېلى غولغۇلا ۋە بەس مۇنازىرە بولىۋاتىدۇ. مەن مەزكۇر كىتابنى ۋاقتىدا كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغان بولساممۇ، يېقىندا ئۈرۈمچىدە نەشىر قىلىنىدىغان ئۇيغۇرچە «بازار يېتەكچىسى» گېزىتىنىڭ بۇيىل 5 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۇنىدىكى (565 ـ 566 ـ سان) قولۇمغا تەككەندىن كېيىن مەزكۇر كىتابنى تۇلۇق كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم.

مەنچە مەزكۇر كىتابتا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى مەسىلە بولماستىن، بەلكى ئۇ 50 يىلدىن بۇيان خىتاي كۇممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈكىستان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان «خىناينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» ئىكەنلىكىگە تارىخى ئاساس تۇرغۇزۇش ئۇچۇن ھەرقايسى مەتبۇئاتلار ئارقىلىق كەڭ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن مەسىلىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بو مەسىلە يەنى خىتاي كۇممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۇركىستاننى ئەبەدىي مۇستەملىكە قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىش قارا نىيىتى ئاق تاشلىق كىتابتىن بۇرۇن، 1950 ـ يىللاردىن باشلاپ بىر بۈلۈك تەشۋىقات ۋاستىسى ئارقىلىق كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ كەلگەن، بولۇپمۇ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى»، (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985 ـ يىل نەشرى)، «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» (1990 ـ يىل نەشرى)، «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى (1991 ـ يىل نەشرى)، 1991 ـ يىلى شىنجاڭ داشۆسى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باستۇرۇپ تارقاتقان «”ئۇيغۇرلار“ قاتارلىق ئۈچ كىتاپ مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىدىن تاللانما»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 1992 ـ يىلىدىن 1999 ـ يىلىغىچە ئارقا ـ ئارقىدىن 5 قېتىم باستۇرۇپ تارقىتلغان «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى»، 1994 ـ يىلى نەشىر قىلىپ تارقاتقان «پانئىسلامىزم ۋە پانتۈركىزم ھەققىدە تەتقىقات»، 1997 ـ يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئارقا ـ ئارقىدىن نەشىر قىلىپ تارقاتقان « ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ھەققىدە قىسقىچە ئوقۇشلۇق»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئۇقۇشلۇقى» ،جيەن بو چۈەن يازغان 1999 ـ يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ قىسىچە تارىخى»، چيەن بوچۈەن، ۋاڭ بىڭخۋالار يازغان  1999 ـ يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخىدىن قىسقىچە ئوقۇشلۇق»، 1999ـ يىلى نەشىر قىلىنغان «شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۆرەش تارىخى»، «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» (مەجمۇئە 1 ـ 2 ـ توم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998 ـ 2000 ـ يىللار)، 2000 ـ يىلى نەشىر قىلىپ تارقاتقان «پانتۈركىزملىق مەدەنىيەت ئۇستىدە تەھلىل»، 2001 ـ يىلى تارقاتقان «مۇستەقىللىق داۋاسىمۇ؟ بۆلگۈنچىلىك ماجىراسىمۇ؟»، 2002 ـ يىلى خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئەلچىخانىلىرى ئارقىلىق تارقاتقان «”شەرقىي تۈركىستان“ تېررورچى كۈچلەر جىنايىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ»، 1985 ـ يىلىدىن بۇيان يىلدا بىر توم نەشىر قىلىپ تارقىتىۋاتقان «شىنجاڭ يىلنامىسى» قاتارلىق كىتابلاردا، ھەرقايسى گېزىت ـ ژۇرناللاردىكى يۈزلىگەن ماقالىلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ كەلگەن مەسىلە ئىدى.  يۇقىرىقى كىتابلاردىكى ۋە بۇ قېتىم تارقاتقان ئاق تاشلىق كىتابتىكى ئاساسلىق تۈپ مەسىلە، تارىخىي جەھەتتىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەر شەرقىي تۇركىستاننىڭ يەرلىك خەلقى بولماستىن، يېقىندىلا شەرقىي تۈركىستانغا پەيدا بولۇپ قالغان خەلق، دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخى تۈپتىن ئىنكار قىلىنغان ۋە بورمىلانغان، شەرقىي تۈركىستان ئەلمىساقتىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ئىكەنلىكى ئىنكار قىلىنغان، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرى ئىنكار قىلىنغان ياكى ئورنى كىچىكلەشتۈرۈلگەن ياكى بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت دەپ قارا چاپلانغان،  بۇ مەسىلىگە تەپسىلى ۋە ئىلمىي جاۋاب بېرىشنى بىزنىڭ تارىخچىلىرىمىزغا ھاۋالە قىلىمەن. ئەمما شۇنى قەتئىي ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز لازىمكى، شەرقىي تۈركىستان تارىختا خىتايلارنىڭ بىرقانچە قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغاندىن باشقا ئەزەلدىن خىتاي زېمىنى بولۇپ باققان ئەمەس. ئەزەلدىن ئۇيغۇر زېمىنى ئىدى، مەڭگۈ ئۇيغۇر زېمىنى بولىشى لازىم.

سىياسىي جەھەتتە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئەللىك نەچچە يىلدىن بىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇستىدە يۈرگۈزۈپ كەلگەن قانلىق باستۇرۇش ۋە تالان تاراچ قىلىش سىياسىتىنى ئۇيغۇر خەلقىگە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مېھر شەپقىتى ۋە «شاپائىتى» قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغان. ئەمما ۋەتىنىمىز شەرقىي تۇركىستان 1949 ـ يىلى 10 ـ ئايدا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىستىېلا قىلىنغاندىن بۇيان، شەرقىي تۇركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن تۇرلۇك زۇلۇم ۋە قانلىق قىرغىنچىلىقلار بىركۈنمۇ توختاپ قالمىدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكىنى ئەمەس، بۈگۈنكى «مەدەنىي» خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن فاشىستلىق سىياسىتىنى دۇنيانىڭ ھېچقانداق يىرىدىن تاپقىلى بولمايدۇ. خىتاينىڭ 1950 ـ يىلى 3 ـ ئايدا ئوسمان باتۇر قاتارلىق ئىنقىلابچىلارنى، 1954 ـ يىلى 12 ـ ئايدا ئابدۇلھەمىد داموللام، پەتھىددىن مەخسۇم باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابچىلارنى قانلىق باستۇرغانلىقىدىن باشلاپ، 1990 ـ يىلقى بارىن ئىنقىلابىنى، 1997 ـ يىلى غۇلجا خەلقىنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەركۈنى ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى پەقەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ.

دۇنيادا ھېچقانداق بىر مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىدەك زۇلۇم ۋە پاجىئەگە ئۇچرىمىغان بولسا كېرەك.

مەزكۇر كىتابتا «ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتا خەنزۇلارغا قارىغاندا كەڭ تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويۇلدى» دېيىلگەن. خىتاي 1980 ـ يىللاردىن بۇيان يولغا قويغان «بىر بالىلىق بولۇش» سىياسىتىدىن ئىبارەت تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنى قۇللىنىپ، ھامىلە ئاياللارنى مەجبۇرى ئوپراتسىيە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن 100 مىڭلارچە بىگۇناھ بۇۋاقلارنى بۇ يورۇق دۇنيانى كۆرۈشتىن مەھرۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 10 مىڭلىغان ئانىلارمۇ ھاياتىدىن ئايرىلدى ياكى ئېغىر كىسەلگە دۇچار بولدى. نۇرغۇن ئاياللار ياش تۇرۇپلا تۇغۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە شەرقىي تۇركىستان خەلقىنىڭ نوپۇسى تۈۋەنلەپ كەتتى. بو ھەقتە خىتايلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باشقا بىر مەنبەدە مۇنداق دېيىلىدۇ: « نوپۇسنى تىزگىنلەش خىزمىتىدە غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 1975 ـ يىلىدىن بۇيان شىنجاڭدا دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت تۈپ سىياسىتى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىندى. بولۇپمۇ 1982 ـ يىلى ئازسانلىق مەللەتلەر ئارىسىدا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش سىياسىتىگە دائىر تەشۋىقات ـ تەربىيە باشلانغاندىن بۇيان ئىسلاھاتتىن ئىلگىرىكى نوپۇس ئېغىر دەرىجىدە تىزگىنسىز قالغان ۋەزىيەت ئۈزۈل ـ كېسىل ئۆزگەردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرىكى 1955 ـ 1977 ـ يىلىغىچە بولغان 20 يىلدا شىنجاڭنىڭ نوپۇسى 5 مىليون 580 مىڭ 100 دىن شىددەت بىلەن كۆپىيىپ 12 مىليون 89 مىڭ 700 گە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %94 . 3 تىن كۆپەيدى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن شىنجاڭنىڭ نوپۇسى 1978 ـ يىلىدىكى 12 ـ مىليون 330 مىڭ 100 دىن 1999 ـ يىلى 17 مىليەن 750 مىڭغا يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە % 75 . 1 تىن كۆپەيدى. پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلغاندىن بۇيان شىنجاڭدا 8 مىليون 500 مىڭ نوپۇس ئاز تۇغۇلدى». (2000 ـ يىللىق شىنجاڭ يىلنامىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000 ـ يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 111 ـ 112 ـ بەتلەر) مانا بۇ خىتاينىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئىلىنغان مەلۇمات بولۇپ، بۇنىڭدىن 10 يىل ئىچىدە شەرقىي تۇركىستانداخىتاينىڭ 8 مىليون 500 مڭ دانە بىگۇنا مۇسۇلمان ئەۋلادىنى ئۆلتورگەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېتقاندا، 5 كۇۋەيت دۆلىتى خەلقىنى ياكى بىر يېرىم فىنلاندىيە دۆلىتى خەلقىنى دۇنيادىن يوق قىلدى، دېمەكتۇر.     

خىتاينىڭ ئاتالمىش پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت جاللادلىق سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كۇنسىرى يوقۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيەتكىمۇ، ئىسلامىيەتكىمۇ تۇپتىن زىت ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىلىدۇ. 

«ئاز سانلىق مىللەنلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل ـ يېزىقىنى ئىشلىتىش، راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكى ھۆرمەت قىلىندى، كاپالەتلىك قىلىندى» دېيىلگەن، ئەمەلىيەتتە 30 يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىم يېزىق ئۆزگەرتتى، ھازىر ئۇنىڭغا قانائەت قىلماي ھەرقايسى مەكتەبلەردە خىتاي تىلى مائارىپىنى يولغا قويدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا پۈتۈن دىنىي، تارىخىي، ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزنى كۆيدۈرۈپ يوق قىلغاننىڭ سىرتىدا، بۈگۈنكى مەدەنى دۇنيادا، پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا  2002 ـ يىلى شەرقىي تۈركىستاندا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە تىل ـ يېزىقتىكى كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ يوق قىلدى.

مەزكۇر كىتابتا «ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قوغدالدى ۋە نۇرلاندۇرۇلدى» دېگەن ماۋزۇدا «11 ـ ئەسىردىكى قاراخانىلار دەۋرىدىكى«قۇتاتغۇ بىلىك» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ھەر مىللەت ئالىملىرىنىڭ ئۇزاققىچە ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا 20 ـ ئەسىرنىڭ 80 ـ يىللىرى تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى» دېيىلگەن. بۇ كىتابلار خىتايلار زور كۈچ بىلەن قوللاشتىن 100 يىل بۇرۇن ياۋرۇپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان، تۈركىيدىكى تۈركچە نەشرىمۇ 20 ـ ئەسىرنىڭ 30 ـ يىللىرىلا مەيدانغا كەلگەن. 21 ـ ئەسىرگە قەدەر يورۇق كۆرۈپ ئۆز ئىگىسىنىڭ كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە نائىل بولالمىغان 2 ـ ئەسىرلىك سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ يېگانە تارىخى بولغان شاھ ئەسەر ـ «تارىخى رەشىدى» بۇندىن 110 يىل بۇرۇن ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، لوندوندا نەشىر قىلىنغان.  

دىنىي جەھەتتە، «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىندى ۋە قوغدالدى»، «دىن ساھەسىدىكى ئەربابلار ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ھوقۇقىدىن تۇلۇق بەھرىمەن بولدى» دېيىلگەن. شۇنداق خىتاي ھاكىمىيىتى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا قۇرئان كەرىم قاتارلىق پۈتۈن دىنىي كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ، مەسچىتلىرىمىزنىڭ بىر بۆلىكىنى يېقىپ، بىر بۆلىكىنى توڭگۈز ئېغىلىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى، دىنى ئۆلىمالىرىمىزنى توڭگۈز گۆشى يېيىشكە، خۇدانى يوق دېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، تۇرمىلارغا قاماپ، يىراق ـ يىراق يەرلەرگە سۈرگۈن قىلغانلىقىنى، يۈزىگە قارا سۈرتۈپ كۇچىلاردا سازايى قىلغانلىقىنى، ئەبەدىي جازالاگىرلىرىغا مەھكۇم قىلىپ نابۇت قىلغانلىقىنى تېخى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇنتۇپ قالمىدى ۋە مەڭگۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقانلار كىم؟ ئۇلار ئازساندىكى ھۆكۈمەتكە سادىق مۇللىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، مەزكۇر كىتابتا بايان قىلىنىشىچە ھازىر «شىنجاڭ»دا 26 مىڭ 500 ئىسلام دىنىي ئۆلىماسى بارمىش، بونىڭ ئىچىدە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھامىمە قىلىدىغان «ئەربابلار»دىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىدە بىر كىشى، مەملىكەتلىك سىياسى كېگەشنىڭ ئەزالىقىدا تۆت كىشى بارئىكەن، يەنى شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە قۇلىقى يۇمشاق خىتاي ھاكىمىيىتىگە ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلىدىغان 5 موللا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. بۇ بەش موللىنىمۇ خەلق سايلىمايدۇ، ھۆكۈمەت ئۆزلىرى تاللاپ ۋەكىل قىلىدۇ، بۇلار خىتاي پارلامىنتىدا قانچىلىك سۆزقىلىش ۋە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، خەلقنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنى خۇجايىنلىرىغا قانچىلىك يەتكۈزىدۇ، بۇلارنىڭ گىپىگە كىم قۇلاق سالىدۇ. بۈگۈنكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بۇنىڭغا جاۋاب بولالايدۇ، پەقەت بۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىنىي قىياپەتتىكى كىشىلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە كۆرگەزمە قىلىش سىياسىتىدىنلا ئىبارەت، خالاس.

مەزكۇر كىتاپتا «نورمال دىنىي پائالىيەتلەر قانۇن تەرىپىدىن قوغدالدى» دېيىلگەن، قانداق قوغدالدى؟

1999 ـ يىلى 10 ـ ئايدا پەقەت خوتەن ۋىلايىتىدىنلا بىر كۇندە «ئۆزتىلىدا خۇتبە سۆزلىگەنلىك جىنايىتى» ئۇچۇن ئابدۇلھېكىم، ئەھمەد توختى قارى، ئابابەكرى ھاجى، ئۆمەرجان قاتارلىق 36 ئىمامنى قولغا ئېلىپ 15 ـ يىلدىن 7 يىلغىچە قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلدى.

1999 ـ يىل 88 ـ نومۇرلۇق خوتەن شەھەرلىك خەاق ھۆكۈمىتى ھۆججىتىدە:

دىن تارقىتىدىغان چەتئەللىك دۇشمەنلەرنىڭ رادىئولىرىنى ئاڭلىغۇچىلار، كۆپەيتىپ تارقاتقۇچىلار، قوبۇل قىلغۇچىلار، دىنىي تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقاتقۇچىلاردىن 10000 يۋەندىن تۇۋەن جەرىمانە ئېلىنىدۇ. چەتئەلنىڭ دىنىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىلاشقۇچىلار ۋە ئۇلار بىلەن دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارغۇچىلاردىن 3000، 5000 يۋەن ئىلىنىدۇ. قىلمىشى ئېغىر بولغانلار ئايرىم قانۇنىي مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدۇ. شەخسى ئادەم چاقىرىپ قۇرئان ئۇگەنگۇچىلەردىن 3000 يۋەندىن 5000 يۋەنگىچە جەرىمانە ئېلىنىدۇ. دۆلەت كادىرلىرى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنغا ئىشىنىش ۋە دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىش ئەركىنلىكى يوق. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناماز ئوقۇش، رۇزا تۇتۇشىغا يول قويغان ئوقۇتقۇچىلار جازالاندۇرىلىدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ، دېيىلگەن. 

فرانسىيەدە چىقىدىغان «لىبىرەيشەن» گېزىتىنىڭ 2001 ـ يىلى 11 ـ ئايلىق سانىدا، «چىن مۇسۇلمانلارنى ئولاش ئۈچۈن پۇرسەتنى غەنېمەت بىلىدۇ» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدىكى خەۋەردە: «چىن ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش يۈزىسىدىن ئامېرىكىدىن ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن ئەيمىنىپ ئولتۇرمايدىغان ھالغا كەلگەندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارغا قارشى قورقۇنۇچلۇق بىر زۇلۇم ۋە تېررورلۇق سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، چىن مۇسۇلمان ۋەتەنداشلارغا، بولۇپمۇ 17 مىليون مۇسۇلمان ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقنى قانلىق باستۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ئارىدا شەرقىي تۈركىستانلىق 5 ئۇيغۇر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى» دېيىلگەن. 

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چىن گۋاڭ يۋەن، بەزى مەسجىدلەردە سۆزلەنگەن خۇتبىلەر جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دېگەن. ئۇنىڭچە، ئايەتلەرنى كوممۇنىزم ئاڭ چۇشەنچىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ئىزاھلاش لازىممىش. مانا بۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نورمال دىنى پائالىيەتنى قوغداش سىياسىتى.  مانا بۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىنىي جەھەتتە شەرقىي تۈكىستان خەلقىگە قىلغان قالتىس مەرھىمىتى ۋە ئىلتىپاتى.  

يەنە مەزكۇر كىتاپتا، «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىي ئىنىستىتۇتى قۇرۇلۇپ، مەخسۇس ئىسلام دىنى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك دىنىي ئۆلىمالار تەربىيلەندى» دېيىلگەن، شۇنداق خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداش ئۈچۈن، 1987 ـ يىلى شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنى قۇرغان، بۇنى مەزكۇر كىتابتا ماختىنىپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى چوڭ ئىش قىلىپ بەرگەن قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ مەكتەپكە پەقەت بەش يىلدا بىر سىنىپلا بالا قۇبۇل قىلىدۇ. ئۇيەردە قانداق دەرس ئۆتىلىدۇ؟ دىنىي دەرىس ئاساس قىلىنامدۇ؟ ياكى ماركىسىزم نەزەرىيىسى ئاساسلىق دەرىسمۇ؟ ئۇيەردىن ئوقۇپ چىققانلاردىن قانچىسى دىنىي خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ؟ قانچىسى جەمئىيەتتە ئىشسىز سەرگەردان بولۇپ يۈرىدۇ؟ قانچىسى جازا لارگىرلىرىغا تاشلىنىۋاتىدۇ؟ بۇنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ ۋەزىپىسى ئۇيغۇر خەلقىگە دىنىي تەلىم ـ تەربىيە بىرىش بولماستىن، بەلكى پەقەتلا ئىسلام ئەللىرىدىن كەلگەن ئەربابلارغا كۆرگەزمە قىلىنىش ۋەزىپىسىنىلا ئۆتەۋاتىدۇ.

11 ـ سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۇركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە، بولۇپمۇ ئامېرىكىغا «تېررورىست» قىلىپ كۆرسىتىش، شۇنداقلار خارىجى ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىمۇ «تېررورىستلىق ھەرىكەت» قىلىپ كۆرسىتىشتىن ئىبارەت قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى دېموكراتىك ئەللەردىمۇ خاتىرجەم ياشاش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلىش ئۇچۇن خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ھەرقايسى ئەلچىخانىلىرى ئارقىلىق تەشۋىقات ۋارىقى، كىتابچە ۋە رەسىملىك ژۇرناللارنى تارقىتىپ، دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەققانى داۋاسىنى توختىتىشقا ۋە بوغۇپ قويۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئەمما دۇنيا جامائەتچىلىكى بولسا خىتايلارنىڭ بۇ قارا نىيىتىنى بىلىپ يەتتى ۋە ئاستا ـ ئاستا بىلىپ يەتمەكتە.

«ئەل ھيات» گېزىتىدە نەشىر قىلىنغان بىر ماقالىدا: « بۈگۈنكى كۈندىكى ھاكىم سىياسىي كۈچلەر «تېررور» ئاتالغۇسىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزىگە قارشى بىر ھەرىكەتنى «تېررور» دەپ ئاتاپ، خالىغان كىشىلەرنى ”تېررورست“ دەپ ئېلان قىلىۋاتىدۇ.

مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر ئازاتلىق ھەرىكىتى، زۇلۇم بىلەن ئىدارە قىلىۋاتقان بىر زالىم كۈچكە قارشى ھەق ـ ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

زامانىمىزدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى كۆرىۋاتىمىز. بۇ ھەرىكەتلەرنى ”تېررور“ دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ. ھەقىقى تېررورستلار بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان ئىستىبدات ھاكىمىيەت ۋە تۈزۈملەردۇر. زامانىمىزدىكى تەكەببۇر، زالىم دىكتاتۇر ھۆكۈمرانلار مەزلۇم خەلقلەرگە زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ.  زۇلۇم كۆرىۋاتقان ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقلەر قارشىلىق كۆرسىتىش ھەققىگە ئىگىدۇر. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ تېررورلۇق ياكى باشقا جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن ھېچ بىر ئالاقىسى يوقتۇر. مىسال بەرسەك، ئىنگىلىز زۇمىگەرلىكىگە قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشى قىلىۋاتقان ئىرلاندىيە خەلقى، ئىسپانىيەدىكى باسكلار، سىربلارغا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان بالقان مۇسۇلمانلىرى، رۇسلارغا قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشى قىلىۋاتقان چېچەنلەر، ماكىدونىيەدىكى ئالبانلار، ھىندىستان زۇلمىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان كەشمىر مۇسۇلمانلىرى، چىن زۇلمىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قارشىلىق كۈرىشى ھەققانىي ھەرىكەتتۇر.

دىنىي ۋە مىللىي جەھەتتىن توغرا بولغان، چەك ـ چېگراسى، مەقسىتى ئېنىق بولغان بىر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى دۈشمەنلەر تەرىپىدىن ”تېررور“ دەپ ئاتالسىمۇ ئەمەلىيەتتە بۇ قانۇنى بىر قوغدىنىش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.

زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىككە ئۇچرىغان ئىنسانلار ئەركىنلىك ۋە ئادالەتكە ئىنتىلىدۇ. باراۋەرلىك ۋە تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ.»

تۈركىيەدە چىقىدىغان «رادىكال» گېزىتىدە نەشىر قىلىنغان بىر خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئۆز خەلقىگە خەزىنىدىن ئۆلۈم جازاسى تارقاتقان خىتاي 2001 ـ يىلى بىر ھەپتىدە 40 كىشىنى ئۆلتۈردى. . . تۈركچە سۆزلىشىدىغان، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستاندا، ئالدىنقى كۈنى 11 كىشى ئاددى جىنايەت باھانىسى بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. 2001 ـ يىلى ئونلارچە ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈپ، ئونلارچە ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. بېجىن ئادەم ئۆلتۈرۈشتە رىكورت ياراتتى. 2001 ـ يىلى رەسمى رەقەمگە ئاساسلانغاندا خىتاينىڭ ئۆلتۈرگەن ئادىمى 2 مىڭ بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 5 مىڭدىن ئارتۇق ئىنسان ئۆلتۈرۈلدى، دەپ قارالماقتا. » (رادىكال گېزىتى 2002 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى)

«مىللىيەت» گېزىتىنىڭ بىر خەۋىرىدە: «چىن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى يوق قىلىش سىياسىتىنى تېزلەتتى. خەتنە قىلىش، توي قىلىش، مېيىت نامىزى ئۇقۇشنى چەكلىدى.» دېيىلىدۇ.    

يىغىپ ئېتقاندا، يۇقىرىدا ساناپ ئۆتكىنىمدەك، قىزىل خىتاي ئىمپىرىيىسى مۇبارەك ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋالغاندىن بۇيان يۈزلىگەن كىتاب، مىڭلىغان ماقالىلارنى بېسىپ تارقىتىپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ، بۇنى بىر دەقىقىمۇ توختاتقىنى يوق. مەزكۇر كىتاب ۋە ماقالىلارنىڭ بىر تىيىنلىق ئىلمىي قىممىتى يوق، پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي كۈچىگە تايىنىپ، يېڭى ئەۋلادلىرىمىزنى قايمۇقتۇرۇش ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق، باسقۇنچىلىق، جاللادلىق سىياسىتىنى يوشۇرۇپ قېلىش خام خىيالىدا يېزىپ تارقاتقان بىر بۆلۈك ئەخلەت دۇۋىسىدىن ئىبارەت بولسىمۇ، بۇنىڭغا توغرا، ئىلمىي جاۋاب بېرىش ۋەتەن ئىچىدە مۇمكىن بولمىسىمۇن، ۋەتەن سىرتىدا نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلىرىمىز، پروفېسسور ئالىملىرىمىز، مائاشلىق ئىنقىلابچىلىرىمىز يېتەرلىك بولسىمۇ (مەرھۇم ھاجى ياقۇبنىڭ ئۈچ ـ تۆت پارچە ماقالىسى، مۇھەممەد ئىمىن باتۇرنىڭ بىر پارچە ئەسىرىدىن باشقا) تىلغا ئالغۇدەك سىستېمىلىق ئىلمىي بىر ئەسەر بۈگۈنگە قەدەر مەيدانغا كەلمىدى. خىتايلار بولسا زەھەرلىك كىتاب ۋە تەشۋىقات ماتېرىياللىنى بسىپ تارقىتىشنى بىر مىنۇتمۇ توختاتمىدى. مەن خارىجى ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە تونۇلغان ئالىم ياكى ئاتاقلىق تارىخچى، پروفېسسور بولمىساممۇ، ئاددى بىر ئۇيغۇر ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەتەن ئىچىدە مۇنداق نەرسىلەرگە ۋاختى ـ ۋاختىدا جاۋاب بېرىپ تۇرۇش مۇمكىن بولمىغاچ، ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ جەتئەللەردە بولسىمۇ مۇنداق زەھەرلىك سەپسەتىلەرگە جاۋاب بېرىپ تۇرۇش لازىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، نۇرغۇن ئارزۇ ئارمان بىلەن خىتاينىڭ يېقىندا تارقاتقان «ئاقتاشلىق كىتاب»نى چۆرىدىگەن ھالدا، تۇلۇقراق ماتېرىيال كۆرۈپ، تەپسىلىرەك بىرنە يېزىشقا پۇرسەت بولمىسىمۇ، تەپسىلى، ئىلمىي بىر نەرسە يېزىشنى تارىخچى ئالىملىرىمىزغا ھاۋالە قىلىپ بۇ ماقالىنى يازدىم. يېقىندا مەزكۇر «ئاقتاشلىق كىتاب»نى ئاساس قىلغان ھالدا، خىتاينىڭ ئەللىك نەچچە يىلدىن بۇيان تارقىتىپ كەلگەن زەھەرلىك ئەخلەتلىرىگە جاۋاب بولغۇدەك بىر ئىلمىي ئەمگەكنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىغا تۇلۇق ئىشىنىمەن. 

2003 ـ يىل 7 ـ ئاي  ئىستانبۇل

 

باش بەت

aturan2003@yahoo.com

بارلىق نەشر ھوقۇقى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىغا ئائىت

 All Rights Reserved Taklamakan Uyghur Publishing 2007 --- 2009 http://www.uyghurweb.net