|
ئۆتكەن ئەسرنىڭ ئىككىنجى چارىكىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا مىللەتچىلىك
ھەرىكەتلىرى
ھاجى ياقۇب يۇسۇپى
يەتتە شەھەر خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن (1877) كېيىن، خىتايلار شەرقىي
تۈركىستاندا ئومۇميۈزلۈك قەتلىئام، قاماش، سۈرگۈن قىلىش، خەلقنىڭ مال ـ
مۈلكىنى تالان ـ تاراج قىلىش ئىشلىرىنى ئامانسىز يۈرگۈزگەنىدى. قەيەردە
زۇلۇم بولىدىغان بولسا ئۇ يەردە قارشىلىق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن شەرقىي
توركىستان خەلقىدىمۇ خىتايغا قارشى، خىتاي شوۋىنىزمغا قارشى مىللەتچىلىك
ھەرىكەتلىرى تۇغۇلدى.
مىللەتچىلىك نېمە؟ مىللەتچىلىك ئىنسانلارنىڭ سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت ھېسلىرى بىلەن
مىللىتىگە باغلىنىشىدۇر. مىللەتچىلىك مىللەتنىڭ تىلىغا، دىنىغا، ئەخلاقىغا،
ماددى ـ مەنىۋى پۈتۈن كۈلتۈر قىممەتلىرىگە نىسبەتەن چوڭقۇر ئالاقە
كۆرسىتىش، مىللىتىنى تەرەققى ئەتتۈرۈش، مىللەتنىڭ قۇدرىتىنى ئارتتۇرۇش،
ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا تۈرلۈك پىداكارلىقلارنى ئەمەلىيەتتە كۆرستىش يولى
بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
قىسقىسى مىللەتچىلىك ئىنسانلارغا مىللىي ۋە بەشەرى ئۈستۈنلۇك تەمىن ئەتكەن
يۈكسەك ئەخلاقنىڭ ئەڭ چوقىسىدا ئورۇن ئالغان بىر روھ ھالىتىدۇر.
ئۇيغۇر ـ تۈرك مىللەتچىلىكى تىلى، دىنى، ئەخلاقى، تارىخلىرى ئورتاق بولغان
تۈرك مىللىتىنى سۆيمەكتىن ۋە ھۆرمەت كۆرسەتمەكتىن ئىبارەت، ئۇيغۇر ـ تۈرك
مىللەتچىسى تۈرك چۈشەنچەسىنىڭ ئىلمى، پىكىرى، ئەدەبىي، پەلسەپە ۋە تېخنىك
ساھەلىرىدە ئىمكانلىرىنى بېيتىدىغان، ئىسلامىيەتكە ھۆرمەت كۆرسىتىدىغان،
دۇنيا تۈركلۈكىنىڭ ئىستىقلال، ئەركىنلىك، بەخىت - سائادىتى ئۈچۈن كۈرەش
قىلىدىغان ئىنساندۇر.
1911
ـ يىلى خىتايدا ئىنقىلاب بولۇپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى. بۇ جۇمھۇرىيەت شەرقىي
تۈركىستان خەلقلىرىگە ھېچبىر پايدا ئېلىپ كەلمىدى، يەنىلا خىتاي ئاسارەتىدە
ئېزىلدى. نىھايەت 1911 ـ يىلى تۆمۈر خەلپە قۇمۇلدا ئىنقىلاب قىلغان
بولسىمۇ، ھىلە - مىكىرلەر بىلەن باستۇرۇلدى. گەرچە بۇ ئىنقىلاب مەغلۇب
بولغان بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستاندا خىتايغا قارشى مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرى
كۈچلىنىپ كەتتى.
مىللى ئويغىنىش دەۋرىمىزنىڭ سىمالىرىدىن مەرھۇم شەھىد ئابدۇلقادىر دامۇللام
ۋارىسى 1907 ـ يىلى تۈركىيە، مىسىر، سۈرىيە كەبى ئىسلام ئەللىرىگە تەتقىقات
ساياھىتىگە چىقىدۇ. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كاشغەر شەھىرىدە
«مەتلەئۇلھىدايەت» ئاتلىق مەكتەب قۇرۇپ ئۇقۇغۇچىلار يېتىشتىۈرىدۇ، كىتابلار
نەشىر قىلىپ خەلقنى ئويغىتىدۇ. مىللەتچلىك پىكرى تارقىلىدۇ. بۇكۈنلەردە
غۇلجىلىق مەسئۇد سەبرى بايقۇزى تۈركىيىگە ئوقۇشقا چىقىدۇ، تۈركىيىنىڭ ئۇ
دەۋرىدىكى مىللەتچى تۈركلىرى زىيا گۇگ ئالىپ، تەلئەت پاشا... ۋە باشقىلار
بىلەن تونۇشىدۇ، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن غۇلجىدا ”دەرنەك“ نامىدا مەكتەب
ئېچىپ، مىللەتچىلىك، تۈركچىلىك پىكرىنى تارقىتىدۇ, ئىيسا ئالىپتېكىن ئۆتكەن
ئەسىرنىڭ ئىككىنىچى چارىكىدە خىتاينىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مەركىزى نەنجىڭ
شەھىرىدە ”چىنى تۈركىستان ئاۋازى“ مەجمۇئەسىنى چىقرىپ، مىللەتچىلىك
تەرغىباتىنى باشلىۋىتدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا مىللەتچىلىك كۈچلىنىپ كېتىدۇ.
نەتىجىدە 1931 ـ يىلى قۇمۇل ئىنقلابى پارتلىدى، بۇ ئىنقىلاب شەرقىي
تۈركىستان تارىخىدا ئومومىي بىر ئىنقىلاپ تۈسىنى ئالدى، ئىنقىلاب ئوتى
پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانغا تۇتاشتى.
ئىنقىلاب نەتىجىسىدە 1933 ـ يىلى كاشغەردە بىرىنچى جۇمھۇرىيتىمىز ― «شەرقىي
تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى» قۇرۇلدى. بۇ جۇمھۇرىيەت دەۋردە يېڭى مائارىپ
قۇرۇلۇپ تەرەققى قىلدى، مىللى، دىنى، سىياسى، تەربىيە كۈچەيتىلدى، شەرقى
تۈركىستاندا مىللەتچىلىك كۈچلۈك تەرەققى قىلىشقا باشلىدى.
ئىنقىلاب لىدىرلىرىمىزدىن گېنېرال مەھمۇد مۇھىتى كاشغەردە تۇردى، كاشغەر
شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىتن بېرى سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن
بىرى ئىدى. كاشغەردە قۇتلۇق شەۋقى باش مۇھەررىرلىكىدە ”يېڭى ھايات“ گېزىتى،
مۇھەممەت ئىمىن قارىھاجى سۇفىزادە باش مۇھەررىرلىكىدە ”ئىستىقلال“
مەجمۇئەسى نەشىر قىلنىپ، كۈچلۈك مىللەتچلىك تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلدى،
شەرقىي تۈركىستاننىڭ 30 ـ يىللاردىكى مىللەتچلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىرى بۇ
ۋاقتىدا ساغلام قۇرۇلغانىدى.
ئۈچ ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللەتچلىك ھەرىكىتى
ئالدى بىلەن ئۈچ ئەپەندى كىملەر؟ بۇلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا
كېىلدۇ. ئۈچ ئەپەندى:
مەسئۇد سەبرى بايقۇزى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئىيسا ئالىپتېكىنلەردۇر.
1 -
مەسئۇد سەبرى بايقۇزى ― غۇلجىدىن، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيىدە
ئوقىغان، تۈركچى، مىللەتچى بىر زات بولۇپ، شەرقىي تۈركىستانغا مىللەتچىلىك،
تۈركچىلىك پىكىرىنى دەستلەپ يايغانلارنىڭ بېرىدۇر.
1933
ـ يىللىرى قىزىل ئوردۇ دوغۇ تۈركىستانغا كىرگەن ۋاقتىدا غۇلجىدا
ئۆلتۈرۈلىدىغان 200 كىشلىك قارا تىزىملىكنىڭ بىرىنچى نومىرى مەسئۇد
ئەپەندىم ئىكەن. بۇندىن خەۋەر تاپقان مەسئۇد ئەپەندىم غۇلجىدىن جەنۇپقا
قاچىدۇ. ئاقسۇدا خوجانىياز ھاجىم بىلەن كۆرۈشىدۇ، قارايۇلغۇن ئۇرۇشىغا
قاتنىشىدۇ، ئۇ يەردىن ھىندىستان ئارقىلىق خىتايغا كېلىپ، ئىيسا ئەپەندىم
بىلەن بىرلىشىدۇ.
2 -
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ― خوتەندىن، دىنىي تەھسىل قىلىپ، مۇدەررىسلىك قىلغان،
زاماننىڭ يېتىشتۈرگەن ژىرىك مىللەتچىلىرىدىن بىرى ئىدى. قۇمۇل ئىنقىلابىدىن
كېيىن خوتەندە تەشكىللىنىپ، ئالدى بىلەن قارىقاش ناھىيىسىنى ئازات قىلىپ،
كېيىن پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتىنى يەكەن داخىل ئازات قىلىدۇ، ئىككى قېرىندىشى
ئابدۇللاھ ۋە نۇر مۇھەممەدنى شەھىد بېرىدۇ، ئىنقىلاب رۇسىيىنىڭ ساتقىنلىقى
ۋە ئەسكىرىي ياردىمى بىلەن باستۇرۇلغاندىن كېيىن ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەن
ۋە كابۇلدا تۇرغان. «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نى يازغان. 1943 ـ يىلى
چىنغا كېلىپ مەسئۇد ئەپەندى، ئىيسا ئەپەندىلەر بىلەن بىرلىكتەن شەرقىي
تۈركىستان ئىستىقلال مۇجادىلىسىگە كىرىشكەن. شەرقىي تۈركىستان چىنى
كوممۇنىست ئىستىلاسىغا ئوچراشتىن سەلغىنە بۇرۇن ئىككىنچى قېتىم ھىندىستان
سەپرىگە چىقتى، 1952 ـ يىلى تۈركىيىگە كەلدى بۇ يەردە ۋەتەن داۋاسىنى
باشلاپ قۇلىدىن كەلگەن بارلىق خىزمەتلەرنى قىلدى.
3 -
ئىيسا ئەپەندىم ― ئەسلى كاشغەر يېڭىساردىن. چىن مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ
يېتىشكەن، كېيىن خىتاينىڭ ئەنجان كونسۇل خانىسىدا ئىشلىگەن. بۇ يەردە
غەربىي تۈركىستاننىڭ مىللەتچى شەخسىيەتلىرى بىلەن تونۇشوپ، مىللەتچىلىكنى
قوبۇل قىلغان، بۇ يەردىن خىتايغا كېلىپ مىللەت ۋەكىلى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئىيسا ئەپەندىم پۈتۈن ھاياتىدا شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلالى ئۈچۈن مۇجادىلە
قىلغان بىر شەخسىيەتتۇر.
ئۈچ
ئەپەندىم 1946 ـ يىلى بىتىم مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقى تۈركىستانغا چىقىدۇ،
شەرقىي تۈركىستاندا مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنى داۋام ئەتكۈزىدۇ. «ئالتاي
نەشىرىياتى» تەرىپىدىن چىقىرىلغان، ”ئالتاي“ مەجمۇئەسى، ”ئەرك“ گېزىتى
”يالقۇن“، ”يۇرت“ گېزىتلىرى، ”تەڭرىتاغ نەشىرىياتى“ تەرەپىدىن چىقىرىلغان
”تەڭرىتاغ رەسىملىك مەجمۇئەسى“، ”ئەدەبىيات“ مەجمۇئەسى ۋە ”ياشلار
بىلىمى“... مەجمۇئەلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا مىللەتچىلىك تەشۋىقاتى
ئېلىپ بېرىپ، ۋەتەندىكى چىن پەرەستلەر ھەم سوتسىيالىست (رۇسپەرەست)
مىللەتچىلەرگە قارشى مۇجادىلە ئېلىپ بارىدۇ. زامانىسىنىڭ مىللەتچى
زىيالىلىرى، ياشلىرى، يازارلىرى، ئەدىبلىرى، شائىرلىرى بولغان ئابدۇلئەزىز
مەخسۇم، ئەمىن ۋاھىدى، باي ئەزىزى، ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان، ھەمدۇللاھ
تارىمى، پولات قادرى، ھاجىي ياقۇب ئانات، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئىبراھىم
مۇتىئى، قۇربان قۇداي، خەۋىر تۆمۈر، ئابدۇللاھ تىمەن، سەتتار مۇقبۇل، ئەر
تۇغزۇل سەبرى، خەمىت سەبرى، فەتھىدىن مەخسۇم، سۇلايمان سەلچۇق، مۇھەممەد
توختى، ئابدۇرېھىم جوشقۇن، ئابدۇرۇئوپ دۇقتۇر، ئابدۇلھەمىدخان كۇچارى،
ئىنايەتۇللاھ خان، نىياز ئەرول، پولات ئابدۇل، ھامۇت مەھمۇدى... كەبى
مىللەتچىلەر ئۈچ ئەپەندىم ئەتراپىدا بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي
مۇجادىلىسىنى يۈرگۈزىدۇ. بۇلار ئۈچ ئەپەندىچىلەر دېيلەتتى.
شەرقىي تۈركىستان مىللەتچىلىرىنىڭ ھەرىكەت شۇئارلىرى
بۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:
بىرىنچى مىللەتچىمىز شۇئارى ئىدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 ـ 40 ـ يىللىرىدا
شەرقىي تۈركىستاندا بىرسى خىتايچىلار، بىرسى رۇسپەرستلەر، يەنە بىرسى
مىللەتچىلەر بولۇپ، ئاساسەن بۇ ئۈچ گۇرۇھ كۈرەش مەيدانىدا ئىدى. خىتايچىلار
جايلاردا چىن ھەربىيلىرنىڭ ھىمايىسىدا ۋەتەننى داۋاملىق خىتاي
ئىمپېرىيالىستلىرىنىڭ زۇلمى ئاستىدا قېلىشنى ئىستىەيدىغان بىر تۈركۈم
ئىدىئالسىز، ئازغنىە مەنپەئەتكە سېتىلغان مىللىي مۇناپىقلار ئىدى. بۇلارنىڭ
تىپىك ۋەكىلى بۇرھان شەھىدى، قاسىم قۇربانى، ناسىر بەك (ئۈرۇمچىدە)
يولبارىس بەك (قۇمۇلدا)، نادەيجاۋ (ناسىر بەك) (قارشەھەردە)، سەيىد ئەھمەد
خان خوجا (ئاقسۇ)، تۇراببەك، (كاشغەردە)، نۇر بەك (خوتەندە) ئىدى.
ئىككىنچى سوتسىيالىست (رۇسپەرەست) مىللەتچىلەر: بۇلار قىزىل رۇس
ئىمپېرىيالىستلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى گۇماشتىلىرى بولۇپ، ۋەتەننى
رۇسىيگە باغلاپ بېرىدىغان كۈچلۈك بىر ئېقىم ئىدى. ئالما ئاتادا چىقىرىلىپ،
شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلىدىغان ”شەرق ھەقىقىتى“ ژۇرنىلى بولۇپ، شۇ
دەۋردە تېخنىكىسى يۇقىرى سىستېملىك چىقرىلىدىغان، رۇسپەرەستلەرنىڭ ئەڭ
كۈچلۈك پروپاگاندا قورالىدى. بۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى سەيپىدىن ئەزىزى،
ئابدۇكەرىم ئابباسۇپ، ئالدۇلكەرىم خان مەخسۇم، ياقۇب ھاجى، سىدىق مۇسايوف،
ئابدۇرېھىم پەتەك... ۋە باشقىلار ئىدى. يەنە رۇسىيەدىن شەرقىي تۈركىستانغا
كىرگۈزۈلگەن 4 ـ كولوننانىڭ جاسۇسلىرى قاسىم ئەپەندى(قازاق)، گېنېرال
ئىسھاقبەك باشلىق سوۋېتتە ئوقۇپ كەلگەن رۇسپەرەستلەر بولۇپ، شەرقىي
تۈركىستاندا ئەڭ كۈچلۈك سىياسى قۇۋەت ئىدى.
ئۈچۈنچىسى ئۈچ ئەپەندى باشچىلىقىدىكى تۈركچى مىللەتچىلەر، بۇلار ۋەتەننى
خىتاي ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، رۇسىيە نۇپۇزى ئاستىغا
كىرىپ قېلىشقا قارشى مۇجادىلە بېرىۋاتقان كۈچلەر ئىدى. بۇلار رۇسپەرەستلەر
كەبى كۈچلۈك سىياسىي ئارقا تىرەككە ئىگە بولمىسىمۇ، مىللەتنىڭ مەنىۋى
كۈچىگە، مىللى تۇيغۇسىغا يۈلەنگەن، مىللەتتىن مەنىۋى ئىلھام ۋە پەيز
ئالىدىغان بىر سىياسىي گۇرۇھ بولۇپ، بۇلارنىڭ قولىدا بەزى نەشرىيات،
مائارىپ ئورۇنلىر بار ئىدى. ئالتاي نەشىرىياتى، يالقۇن گېزىتى، تەڭرىتاغ
نەشرىياتى كەبى ئۇرۇنلار بولۇپ، كۈچلۈك مىللەتچىلىك تەرغىباتى ئېلىپ
بارماقتا ئىدى.
خەلقچىمىز شۇئارى ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندا خەلقچىلىق ئۇ يىللاردا
دېموكراسىي مەنىسىدە قۇللىنىلاتتى. بۇ شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسەت،
شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇ دەۋردە مۇستەملىكە مۇستەملىكىسى سۈپىتىدە
ياشايتتى. خىتايدا جۇمھۇرىيەت قورۇلغاندىن كېيىن بىر ئاز دېموكراسى بولغان
بولسىمۇ، بۇ خىتايچە شەرق دېموكراتيەسى جىيا يۈگۋەندىن ئېشىپ شەرقىي
تۈركىستانغا چىقالمىغانىدى. شەرقىي تۈركىستاننى سىياسىي، مەنىۋىي تەسىرى
ئاستىغا ئېلىۋالغان ستالىن رۇسيەسى دېكتاتورلۇق تۈزۈمدە بولۇپ،
دېموكراتىيەدىن بەھس قىلىش مۇمكىن ئەمەسىدى. رۇسيەدىكى سوتسىيالىزم تۈزۈمى
ئانتى دېموكراتىك بىر رېژىم بولۇپ، خەلقنىڭ پىكىر ۋە ھۆررىرىيىتىگە تەھدىد
سېلىۋاتقان ۋە بوغۇۋاتقانىدى. بۇنىڭ تەسىرى شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەنلىكى
ئۈچۈن، بۇ خىل دېموكراتيىگە قارشى پىكىر ۋە رېژىمىنى توسۇش، قارشى تۇرۇش
ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان مىللەتچىلىرى خەلقچىلىق دېموكراتىيىسىنى ئۆزىنىڭ
ئىككىنچى مۇھىم شۇئارى قىلغانىدى.
ئۈچىنچى ئىنسانيەتچىمىز شۇئارى ئىدى. شەرقىي تۈركىستان دۇنيادىكى ئەڭ قالاق
يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئۇدال دۆلەتنىڭ مۇستەمىلىكىسى بولۇپ
ياشىغانلىقى، ھۇمانىزم نىئمەتلىرىدىن مەھرۇم قالغانلىقى ئۈچۈن ھۇمانىزمغا
بەك ئېھتياجلىق ئىدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقلىرى ئۇ زامانلاردا ئىنسان
ھەقلىرى ئاتالمىسنى بىلمەيتتى، ئەمما ئىنسانچە ياشاش ئارزۇسى كۈچلۈك ئىدى.
شۇڭلاشقا دەۋرنىڭ كۈچلۈك تەلەبى بولغان ھۇمانىزم شەرقىي تۈركىستان
مىللەتچىلىرىنىڭ ئۈچىنچى شۇئارىدى.
تۆتىنچى دىنىمىز ئىسلامدۇر شۇئارىدى. ئۇيغۇر تۈركلىرى مىڭ يىلدىن بېرى
ئىسلام دىندەدۇر. مۇسۇلمان تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بۇ شۇئار ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟
دۇنياغا دارۋېنىزم، ماتېرىيالىزم، كوممۇنىزم پىكىرلىرى يېيىلغاندىن كېيىن
بىزنىڭ غەربىي قوشنىمىز رۇسىيە 1917 ـ يىلدىكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن
كوممۇنىزم يولىنى تۇتتى, رۇسىيەدىن بىزگە دارۋېنىزم، سوتسىيالىزم،
كوممۇنىزم ئېكىسپورت قىلىندى. شەرقىي تۈركىستاندىمۇ ئاتېزم پىكىرلىرى
يېيىلىشقا باشلىدى، مايمون نەزىرىيەسى تارقالدى، رۇسىيىدە ئوقۇپ كەلگەن بىر
بۆلۈك ياشلىرىمىز بۇ زەھەرلىك نەزىرىيەلەرنى تارقاتتى، بىر بۆلۈك
ياشلىرىمىز ماتېرىيالىزم پەلسەپەسىنى قوبۇل قىلدى، شۇڭا شەرقىي تۈركىستان
مىللەتچلىرى بۇ شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ دارۋېنىست، كوممۇنىست
ئەمەسلىكىنى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان، سۈننى ― ھەنەفى مۇسۇلمان
ئىكەنلىكىنى خەلقكە بىلدۈردى. خەلقنى دىنغا سادىق قېلىشنى تەرغىب قىلدى.
بەشىنچى ئىرقىمىز تۈركدۇر شۇئارى ئىدى. دۇنيادا تۈرك ئاتالماسىدىن
قورقىدىغان ئىككى دۆلەت بار: بىرى رۇسىيە، بىرى چىن. رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا
(تۈركىستان) دا بىر پۈتۈن تۈرك مىللىتىنى پارچىلاپ ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز،
تۈركمەن، ئازەر... ۋە باشقا سۈنئى مىللەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، سىلەر
تۈرك ئەمەس، سىلەر ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز... دېدى ۋە ئۇ ناملاردا
قورچاق جۇمھۇرىيەتلەر تەسىس قىلدى. قارشى چىققانلارنى ”باسمىچى“،
”مىللەتچى“، ”ئەكسىلئىنقىلاپچى“... ناملىرى بىلەن يوقاتتى. بۇنىڭ تەسىرى
شېڭ شىسەي زامانىسىدا شەرقىي تۈركىستانغىمۇ كۈچلۈك تەسىر قىلغانىدى، ھەتتا
بىرمەھەل بىزدىنمۇ ”تارانچى“ مىللىتى ياراتقانىدى، كېيىن ئۆزلىكىدىن
ئەمەلدىن قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ تۈرك
ئىكەنلىكىنى تارىخىي، ئىلمىي جەھەتتىن دەلىللەپ كۆرسىتىش زۈرۈرىيىتى كېلىپ
چىققانىدى. ھازىر ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستاندىن كەلگەن ياشلار
ئۆزلىرىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەنلەر
ئۇنداق ئەمەس، بىز ”ئۇيغۇر تۈركلىرى“ دەيدۇ. بۇ شەرقىي تۈركىستان
مىللەتچىلىرىنىڭ بۇ شۇئارىنىڭ بۇ ھەقتىكى تارىخى، ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ
نەتىجىسىدۇر. بۇ يەردە بىر تارىخى ۋەقەنى سۆزلەپ ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىڭلار!
1949
ـ يىلى يانۋاردا تاشكەنت ۋە ئالماتا رادىئولىرى ۋە مەتبۇئاتلىرى شەرقىي
تۈركىستان مىللەتچىلىرىگە تۇيۇقسىز ھۆجۇم قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرىنخى
ماقالىسى، ”ئىمپېرىئالىزمنىڭ رېئاكسىئون سىياسىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخى
ساختا قىلىنمىسۇن!“ ماۋزۇلۇق ماقالە ئىدى.
بۇ
ماقالىغا لايىقىدا جاۋاپ بېرىلدى. ئىككىنچى بىر ماقالە چىقتى، ئۇنىڭغىمۇ
جاۋاب بېرىلدى. ئۈچىنچى ماقالە ”ئۇيغۇرلار تۈرك ئەمەس“ ماۋزۇلۇق ماقالە
ئىدى. بۇنىڭغا ئەسكى چىن مەنبەلىرىدىن دەلىللەر كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ
ھەقىقى تۈرك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدۇق، ئەڭ ئاخىرىدا رۇسىيەدىكى ئاتالمىش
سىياسى تارىخچىلارغا بىر سۇئال قويدۇق. ئۇيغۇرلار تۈرك بولمىسا نېمە ئۈچۈن
كاشغەرلىك مەھمۇد ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى ”دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك“ دېدى. نېمشقا
”دىۋانۇ لۇغاتى ئۇيغۇرى، ئۆزبەكى، قازاقى، قىرغىزى، ياغمائى، قارلۇقى،
چىگىلى... دېمىدى“ دەپ سوراشتۇق، بۇ ياللانما ئالىملار جىمىقتى. بۇ ئالتە
ماقالىنى ئالتاي نەشىرىياتى ”قەلەم كۈرىشى“ نامى بىلەن بىر رىسالە قىلىپ
چىقارغان.
ئالتىنچى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندۇر شۇئارى ئىدى. شەرقىي تۈركىستان
ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىي نامى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئالىملىرىنىڭ تارىخى
ئەرسەرلىرىدە ئومۇم ئېتىراپ قىلىپ قوللىنىپ كەلگەن ھەمدە ئىككى قېتىم
قۈرۇلغان جۇمھۇرىيەتلىرىمىزگە نام بەرگەن ئىسىمدۇر. بوۋىمىز يۈسۈپ خاس
ھاجىپ مىڭ يىل ئاۋۋال يازغان ”قۇتادغۇ بىلىگ“ ناملىق ئەسىرىنىڭ نەسرى كىرىش
سۆزىدە: ”قامۇغ تۈركىستا ئىللىرىندە ، بۇغراخان دىلىنچە، بۇ كىتابتىن
ياخشىراق ھەرگىز كىمەرسە تەسنىف قىلمادى“ دەپ ۋەتىنىمىزنىڭ نامىنىڭ
قاراخانىيلار دەۋرىدە تۈركىستان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن خىتاي
ئىستېلاچىلىرى 1884 ـ يىلى شەرقىي تۈركىستان نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ
”شىنجاڭ“ (يېڭى يەر) دېگەن مەنفۇر نام بىلەن ئاتىدى. خەلقىمىزگە، يىڭى
نەسىللەرگە ۋەتىنىمىزنىڭ نامىنىڭ ”شىنجاڭ“ بولماستىن، شەرقىي تۈركىستان
ئىكەنىلىكىنى بىلدۈرۈش، ئۆزىنى مىللەتچى ھىسابلىغان ھەر بىر ئۇيغۇر
تۈركىنىڭ مىللىي بۇرچىدۇر. ۋەتىنىمىزنىڭ نامى ئەسلا ۋە ئەسلا ”شىنجاڭ“
ئەمەستۇر. شەرقىي تۈركىستاندۇر.
1948
ـ يىلى چىن جۇمھۇرىيىتى بىرىنچى قۇرۇلتىيىدا شەرقىي تۈركىستان مىللەتچى
ۋەكىللىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە كۈرەشلىرى بىلەن ”شىنجاڭ“ ئاتالمىسى ئىپتال
قىلىنىپ، ”چىنى تۈركىستان“ قۇبۇل قىلىنغان ئىدى. ئۇ زاماننىڭ شەرت ـ
شارائىتلىرىغا كۆرە بۇ قارار بىر قەدەم ئىلگىرلىمەك ئىدى.
يوقىرىدىكىلەر ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئىككىنچى چارىكىدىن باشلاپ خىتاي
كوممۇنىستلىرىنڭ ئىستىلاسىغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتچىلىك
ھەرىكەتلىرىنىڭ قىسقىچە مەنزىرە سىىدۇر.
1949 - يىلى 25 ـ سىنتەبىردە بۇرھان شەھىدى، سەيپىدىن ئەزىزى، ئىسھاقبەك،
دەلىلخان سۇگۇر بايۇف، ئابدۇلكەرىم خان مەخسۇم، ئابدۇلكەرىم ئابباسۇف... ۋە
باشقىلارنىڭ خىيانىتى بىلەن خىتاي كوممۇنىستلىرى بىرپاي ئوق ئاتماستىن
شەرقىي تۈركىستاننى ئىستېلا ئەتتى. مىللىي ئارمىيە ماسىلاشتى. ھازىر يىرىم
ئەسىر ئۆتتى، تارىخىمىزدا ھېچ كۆرۈلمىگەن ئەڭ ئېغىر مۇستەملىكە ھاياتى
كەچۈرمەكتەمىز.
خىتاي كوممۇنىستلىرى تۈرلۈك ھەرىكەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا
مىللەتچىلىك، تۈركچىلىك پىكىرلىرىگە خاتىمە بەردى، مىللەتچى، تۈركچى
ئىنسانلارنى تۇرمىلارغا قامىدى، ئۆلتۈردى. يەر ئىسلاھاتى يۈرگۈزۈپ يەنە
نۇرغۇن ئادەملەرنى تۈرمىلەرگە ئاتتى ۋە ئۆلتۈردى. 1958 ـ يىلى
مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت يۇرگۈزۈپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي
ھېسسىياتى بارلىكى ئىنسانلارنى تازىلدى، مىللى ئارمىيىنىمۇ ئەمەلدىن
قالدۇردى. تۈركچىلىك، مىللەتچىلىك سەلبى ـ مەنفۇر ئاتالمىلارغا ئايلاندى.
ئۇلاپلا ”تەبىئىي ئاپەت“ دېگەن ”سۈنئى ئاپەت“ بىلەن خەلقنى ئاچ قويدى،
يېزىلار كوممۇنالاشتۇرۇلدى، شەرھەرلەردە سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش نامى
ئاستىدا خەلقنىڭ ئۆيلىرى مۇسادىرە قىلىندى، مائارىپىمىز، تىلىمىز
خىتايلاشتۇرۇشقا يۈزلەندۈرۈلدى. بىر مىسال: ”جۇڭگۇڭ جۇڭياڭ جېڭجۋ جۈينىڭ
خوۋبۇ ۋېيۋەنى“ (خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيسى مەركىزى سىياسىي بيورۇسىنىڭ
نامزاتى). بۇ 7 سۆزلۈك جۈملىدە «نىڭ» بىلەن «ى» ئۇيغۇرچە بولۇپ، قالغان
ھەممىسى خىتايچىدۇر. ئەگەر ماۋزېدوڭ ئۆلمەي سىياسەتتە ئۆزگىرىش بولمىسا
ئىدى، تىلىمىز يۇقالغان بولاتتى.
بۇ
ۋاقىتلاردا جۇۋ ئېنلەي، ماۋزېدوڭ، جودې باشلىق خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ
رەھبەرلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن ئۆلۈشكە باشلىدى. خىتايدا دېڭ شىياۋپىڭ
ھوقۇقنى قولغا ئالدى. 3 - ئومۇمىي يىغىن دەپ ئاتىلىدىغان يىغىندىن كېيىن
خىتايدا سىياسەت ئۆزگىرىپ بىر ئاز دېموكراسى بېرىلدى، ”چىنچە سوتسىيالىزم
(ئەمەلىيەتتە كاپتالىزم) يۈرگۈزۈلدى. پىكىر ساھەسىدىمۇ بىر ئاز ئەركىنلىك
بولدى. مەتبۇئاتلاردا، تۈرك، مىللەتچىلىك سۆز ئىبارەلىرى كۆرۈلۈشگە
باشلىدى. بۇ ۋاقىتىدا شەرقىي تۈركىستاندا مىللەتچىلىك بىردىنلا يېڭىدىن باش
كۆتۈردى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ”شەرقىي تۈركىستان تارىخى“ ئاتلىق كىتابى
يۇرتقا يوشۇرۇن كىرىشكە باشىلىدى.
شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلارنىڭ يېرىم ئەسىر ئېلىپ بارغان خىتايلاشتۇرۇش،
كوممۇنىستلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى بەربات بولدى. مىللەتچلىك يەنە ئۈستۈنلۈك
قازاندى. بارىن ئىنقىلابى... بۇنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.
ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا يۈزلەرچە خىتايغا قارشى مىللەتچى، ئىنقىلابىي
تەشكىلاتلار قۇرۇلدى، ھەر يەردە خىتايغا قارشى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەر باش
كۆرسەتمەكتە دۇر.
دېمەككى، مۇستەملىكىچىلىك، زۇلۇم، دىكتاتورلوق، ئاسمىلياتسىئون سىياستى،
كورتاژ (تۇغۇت چەكلەش)سىياسەتلىرى مىللەتچىلىكنى پەيدا قىلىدىغان تەبىئىي
ئوقۇلدۇر.
شەرقىي تۈركىستان مىللەتچىلكى ئۇيغۇر مىللىتى ياشىسىلا داۋام قىلىدۇ. چۈنكى
بۇنىڭ مەنبەئى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تومۇرىدىكى پاك ئېسىل قېنىدىدۇر.
ھېچقانداق كۈچ بۇ مىللەتچىلىكنى يوقىتالمايدۇ. يوقىتىمەن دېگەنسىرى كۈچلۈك
راۋاجلىنىدۇ.
ياشىسۇن مىللەتچىلىك!
ھەممىڭلارغا ساغلىق تىلەيمەن. تەشەككۈرلەر.
ھاجى
ياقۇب ئانات
مەرسىن 17 ـ شۇبات 2001 ـ يىلى
|