English

Türkçe

 

عربي

ئۇيغۇرچە

 

سەبىھە ئاتەش ئالپات

 

 

 

ئازغۇن ھېسلار

رومان

 

 

 

 

 

 

تەرجىمە قىلغۇچى: دىلدار


 

 

 

 

 

Avrasya Araştırma Eğitim ve Sosyal Hizmet Vakfı

Nuri paşa Mh 10. Sok No: 11 /1

Zeytinburnu/İstanbul-Türkiye

Tel: )0090212 (6642639

 

Mayıs 2009

 

Baskı-Cilt

Bayrak Matbaası

Davutpaşa cad. No:14/2

Topkapi-İstanbul

Tel:0(212)-493 11 06

Fax:0(212)-4931107
 

مۇئەللىپتىن

ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا چىن قەلبىمدىن ئاللاھنىڭ سالامى بىلەن سالام يوللايمەن:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

سىلەرگە سالام يوللاش پۇرسىتى بەرگەن ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېيتىش بىلەن بىرگە، بۇنىڭغا ۋەسىلە بولغان، كىتابنى تەرجىمە قىلغان ۋە نەشر قىلدۇرۇشقا ئەجىر سىڭدۈرگەن كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن.

قىممەتلىك ئوقۇرمەنلەر!

«ئوقۇ» ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا نازىل قىلغان تۇنجى پەرمانىدۇر. ئوقۇماق ــ بىر ئەسەرنى شۇنداقلا ئوقۇپ قويۇش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە ئەمەلىيەتكەتبىقلاش دېمەكتۇر. ھاياتنى توغرا تونۇشنىڭ بىردىنبىر يولى قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشتىن ئىبارەتتۇر. سىز ئوقۇغان ھەرقانداق بىر كىتاب ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىشىڭىزگە ۋەسىلە بولۇشى كېرەك. قولىڭىزدىكى كىتابىمنىڭ بۇ ھەقتە سىزگە پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە، ئاللاھتىن سىلەرگە سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن.

ھۆرمەت بىلەن: سەبىھە  

 

 


 

غەزەپتىن قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ كەتكەن ئارىف ئەپەندى ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياقتىن ـ بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى، تاماكا تۇتقان قوللىرى ئاچچىقتىن تىترەيتتى. ئۇ دەردىنى ئايالى مەريەم خانىمدىن ئالماقچى بولغاندەك تۇيۇقسىزلا ۋارقىرىدى:

— ماڭا بىر چىنە سۇ بەر!

مەريەم خانىم دەرھال ئاشخانىغا ماڭدى. ئاشخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا قىزى ئايشەن شۈمشىيىپ ئولتۇراتتى. ئۇ قىزىغا دوق قىلىپ:

— داداڭ بىلىپ قالسا ئىشىڭ چاتاق دېسەم پەرۋا قىلمىغان ئىدىڭ، مانا دېگىنىمدەك بولدىمۇ؟

— نېمە بوپتۇ...

ئانا قىزىنىڭ سۆزىنى بۆلدى:

— بولدى، بولدى، داداڭ ئۈنۈڭنى ئاڭلىمىسۇن!

مەريەم سۇنى ئېرىگە سۇنۇۋېتىپ: 

— ئال بېگىم، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئاچچىقىڭنى بېسىۋال، — دېدى.

— قىزىڭنىڭ قىلغان ئىشىنى كۆردۈڭمۇ، قانداقمۇ ئاچچىقلانماي تۇرالايمەن؟!

— قىزىمىز تېخى ياش، نادان، بەلكىم ياشلىق قىلغاندۇ، ئەمما ئۇ خەقنىڭ قىزلىرىدەك...

ئارىف ۋارقىرىدى:

— ئاغزىڭنى يۇم! ئۇنى ئاقلايمەن دېمە، قىزىڭغا دە، ئۇنداق ئادەملەرگە بېرىدىغان قىزىم يوق. مەن كۆيدۈم ـ پىشتىم دېگەنلەرنى بىلمەيمەن، ئۇقتۇڭمۇ؟ مەن تېخى خەقنىڭ قىزلىرىنى ئەيىبلەپ يۈرسەم، قىزىمنىڭ مەندىن يوشۇرۇنچە مۇھەببەتلىشىپ يۈرگىنىنى قارا!

— گۆدەكلىك قىلغاندۇ بېگىم.

— گۆدەكلىك؟ مەن ئۇنى نېمە ئۈمىدلەر بىلەن ئوقۇتتۇم، ھە؟ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئىشەنگەن ئىدىم، ئىسىت! قوشنىمىز نۇرىددىن ئەپەندى ماڭا: «قوشنام، قىزىڭغا ئىشەنسەڭمۇ ئەمما ئەتراپ يامان، قىزىڭ بۆرىلەرگە يەم بولۇپ كەتمىسۇن يەنە» دېسە پەرۋا قىلماپتىمەن، — دەپ ئۆزىنى ئەيىبلەشكە باشلىدى.

ئەسلىدە ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق ئىدى: بىر ئىش ئۈچۈن رايونلۇق ھۆكۈمەتكە ماڭغان ئارىف ئەپەندى باغچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قىزىنىڭ بىر يىگىت بىلەن قول تۇتۇشۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ بېشىدىن بىر چېلەك سۇ قۇيۇۋەتكەندەك شۈركىنىپ كەتتى. ئېنىقكى، قىزى مەكتەپكە بارمىغانىدى. دادىسىنىڭ خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا يېنىدا پەيدا بولغانلىقىنى كۆرگەن ئايشەن ھودۇققىنىدىن نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالدى. ئارىف ئەپەندى شۇ يەردىلا قىزىنى بىر كاچات سالدى ۋە ئۇدۇل ئۆيگە ياندۇرۇپ كەلدى.

بۇ ۋەقە مەريەم خانىمنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالدى، چۈنكى ئېرى بۇ سەۋەپتىن ئايشەننى مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئۇ قىزىنىڭ ئوقۇپ بىلىملىك ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ھەممىدىن مۇھىمى قىزى چوقۇم مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، دىپلومىنى ئېلىشى كېرەك ئىدى.

بۇ چاغدا ئاچچىقى خېلىلا يېنىپ قالغان ئارىف، ئايالىغا:

— توغرا، بىز بىر يەردە خاتالىشىپتىمىز، ئەمما قەيەردە؟ ھەممە گۇناھ مەندە. شۇڭا بۇ ئىشنى ھەل قىلىش يەنە ماڭا قالغان ئوخشايدۇ، مېنىڭچە قىزىمىز ئالدى بىلەن ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈۋالسۇن، ئوقۇغان ئادەم يەردە قالمايدۇ. مەن ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئېرىنىڭ قولىغا قاراپ قېلىشىنى خالىمايمەن.

باياتىن بېرى بىر بۇلۇڭدا ئۈن ـ تىنسىز تەسۋى سېرىپ ئولتۇرغان ئارىفنىڭ ئانىسى جەمىلە موماي گەپكە ئارىلاشتى:

— ئوغلۇم، مەن ساڭا شۇنچە دېدىم بولمىسا. قارىغىنە، مۇشۇ كۈنلەردە خوتۇنلار كوچا ـ كويلاردا ئەركىن ـ ئازادە يۈرۈشكە باشلىۋېدى، ۋاقتىنى قەھۋەخانىلاردا ئۆتكۈزىدىغان ئەرلەر تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتتى. ئىشلەيمەن دەپ خەقنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ يۈرگەن خوتۇن ـ قىزلار، ئۆزىنىڭ ئەرلىرىنى، دادىلىرىنى كۈتۈشتىن باش تارتىدىغان بولۇۋالدى، بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ئەنە شۇ.    

ئوغلى قوپاللىق بىلەن:

— كوتۇلدىمىغىنە ئاپا، — دەپ ئانىسىنى جىمىلىدى.

— مەنمۇ سىلەرنى يامان بولسۇن دەمدىم؟ كۆيۈنگەنلىكىمدىن بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتىمەن، ـ دەپ جاۋاپ بەردى ئانىسى.

— بىلىمەن ئاپا، بىلىمەن، كەچۈرگىن، شۇ تاپتا كەيپىياتىم پەقەت ياخشى ئەمەس، — دېدى ئارىف.

— ئوغلۇم، مەنغۇ تازا بىلىپ كەتمەيمەن، شۇنداقتىمۇ مەنچە...

ئۇ تېخى گېپىنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا، مەريەم خانىم قېينىئانىسىنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى:

— مەنچە نېمە؟ ئاپا، سىزمۇ پۇرسەت تاپسىڭىزلا ئارىغا كىرىدىكەنسىز.

موماي جىمىپ قالدى. بۇنى كۆرگەن ئارىف خوتۇنىغا:

— ئاۋۋال گېپىنى بىر ئاڭلاپ باقمامسەن، — دېدى ۋە ئانىسىغا قاراپ:

— قېنى سۆزلە ئاپا، قۇلىقىم سەندە، ـ دېۋىدى، جەمىلە موماي باشقىدىن جانلىنىپ:

— ئوغلۇم، بايىقى نىيىتىڭدىن يانغىن، ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىۋېتەيلى، — دېدى.

ئاشخانىدا مومىسىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇرغان ئايشەن ئۆز ـ ئۆزىگە:

— گرانىت كاللا. يەنە ئالجىغىلى تۇردى، ـ دەپ غودۇڭشىدى.

دەل شۇ چاغدا يەنە مەريەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇ سىپايىلىق بىلەن:

— ئۇنداق دېمە ئاپا. قىزىم ئوقۇپ ئۆز جېنىنى جان ئېتەلەيدىغان بولسۇن، كېيىنچە خەققە موھتاج بولۇپ قالمىسۇن، — دېدى.

— ئوقۇشنىغۇ ئوقۇسۇن، ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىغا بىر نېمە دېمەك تەس. بۇرۇن مەدرىسلەردە ھەم ئىلىم ھەم ئەخلاق ئۆگىتەتتى. لېكىن ھازىرقى بالىلار مەكتەپتە ئوقۇغانسېرى بۇزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ. قارا، ئاۋۇ ئوغلۇڭ يۇنۇسنىڭ ئەھۋالىمۇ ئايشەندىن قېلىشمايدۇ. بۇ بالىلار ئوقۇپ دىپلوم ئالسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئادەم بولماق، ـ دېدى جەمىلە موماي.

مەريەم قايىل بولماي:

— ئادەم بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سىز نەدىن بىلىسىز؟ ـ دەپ سورىدى.

— نەدىن بىلىسەن دېگەن قانداق گەپ؟ ئوپئوچۇق تۇرمامدۇ، بالىلارنىڭ قەلبىگە ئاللاھ سۆيگۈسىنى سىڭدۈرمىگەن بۇنداق مائارىپ قانداق ئادەم يېتىشتۈرمەكچىدى؟ دىپلومىنى كۆتۈرۈۋېلىپ خەلقنى قاقتى ـ سوقتى قىلىپ يۈرگەن ئادەملەر ئازمۇ؟ ـ دېدى.

— ئانام توغرا دەيدۇ، ـ دېدى ئارىف.

ئايشەن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغانسېرى ئەندىشىگە چۈشتى، بۇندىن كېيىن مەكتەپكە بارالماسلىق قورقۇنچى قەلبىنى چىرمىۋالدى.  

مەريەم خانىم:

— سەن ئاپامنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالما بېگىم، ئۇنداقمۇ بولۇپ كەتمەس. تەربىيە بېرىپ، بۇندىن كېيىن قاتتىق تۇتىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ قويايلى.

جەمىلە موماي بۇلارنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى پەقەت چۈشىنەلمىدى. سۆزلىرىنىڭ قىلچە تەسىر قىلمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنە ئاخىرقى قېتىم نەسىھەت قىلىپ باقماقچى بولدى:

— ئاھ ، قىزىم، ئاھ! بىزگە زادى نېمە بولدى؟ بىلمىدىم، ھېچ بىلمىدىم. ھەممە نەرسىمىزنى يوقاتتۇق، قېنى بىزدىكى ئېتىقاد؟ قېنى بىزدىكى ئىپپەت، ئار - نومۇس تۇيغۇسى؟ بۇرۇنلاردا بۇنداق ئەدەپسىزلىكلەر ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا بىرەرسى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان خوتۇن ياكى قىزىمىزغا قىيا بېقىپ قويسىمۇ، بۇنى ئىپپىتىمىزگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ بىلەتتۇق. ئەمدىچۇ؟ بىزنىڭ ئەقلىمىز نەگە كەتتى؟

ئاڭلاۋېرىشكە تاقىتى قالمىغان مەريەم خانىم زەردە بىلەن:

— ھە، ئەمدى بىز نومۇسسىز بولۇپ قالدۇقمۇ؟! — دېدى.

ئايشەن بولسا ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىچە مومىسىنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىۋاتاتتى:

— ئالجىغان قېرى، ئۆزۈڭنى كىم چاغلاپ قالدىڭ؟ بۇ سۆزلىرىڭ بىلەن دادامنى قايمۇقتۇرۇپ باق قېنى، كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن!

شۇ ئەسنادا يەنە مومىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

— توۋا دە قىزىم، سىلەرنى نومۇسسىز دېسەم ئۆزۈمنى ھاقارەتلىگەن بولمامدىم؟ مەن سىلەردىن ئەمەس، بۇلغانغان ئېتىقادتىن ئاغرىنىۋاتىمەن. بىز بولساقمۇ بۇ پاتقاققا چۈشمەيلى دەۋاتىمەن. رەھمەتلىك قېينىئاتاڭ ھەردائىم: «خانىم، بۇ ئىشلار ھەرگىز ياخشىلىقتىن بىشارەت بەرمەيدۇ. قارىغىنە، چەكلەنمىگەن نەرسە قالمىدى، بۇنداق كېتىۋەرسە بارا ـ بارا بۇ مىللەتنىڭ سەزگۈلىرى ئۆلۈپ، بىخۇتلىشىپ كېتەرمىكىن دەپ قورقىمەن»، دەيتتى، مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى كېلىۋاتىدۇ، — ئۇ بىردەم توختىۋېلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى:

— نېمىلا قىلسا ئۈنىمىزنى چىقارمىدۇق، ھەمىشە بېشىمىزنى ئىچىگە تىقىپ، قورقۇپلا يۈردۇق. مەردانىلىك بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چۈشىدىغان بىرسى چىقمىدى.

ئارىف ئانىسىنىڭ سۆزىنى بۆلدى:

— ئاپا، سەن مۇشۇ تۈزۈملەر بىلەن چىقىشالمايلا ئۆتۈپ كەتتىڭ. نېمە بوپتۇ؟ ئەنە، مەسجىدمۇ، چېركاۋمۇ تۇرۇپتۇغۇ، خەق خالىسا مەسجىدكە كىرىدۇ، خالىسا چېركاۋغا. سەن بولساڭ ئەتىدىن كەچكىچە دۆلەتتىن ئاغرىنىپلا يۈرىسەن.

— ئاھ ، ئوغلۇم! راست دەيسەن، راستىنلا ھېچ ئىش بولغىنى يوق، ھەممە ئىش ئۆز يولىدا، گۈلدەك كېتىپ بارىدۇ. قىمارخانىلار، پاھىشىخانىلار ئېچىلمايۋاتىدۇ، قىزلىرىمىز، ئوغۇللىرىمىز ئازمايۋاتىدۇ، شۇنداقمۇ؟ ئۆز ۋەتىنىمىزدە ھېچبىر قىزىمىز ياغلىق چىگكەن گۇناھى ئۈچۈن ئوقۇشتىن  قالمايۋاتىدۇ، چەتكە قېقىلمايۋاتىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىگە شەرتسىز ئەمەل قىلىنىۋاتىدۇ، شۇنداقمۇ؟ — دېدى موماي.

مەريەم تاقەت قىلالماي، ئۇنىڭ سۆزىنىڭ بېلىگە تەپتى:

— ھەم قىزلار ئوقۇمىسۇن دەيسىز ھەم مەكتەپكە كىرەلمىگەن قىزلارنى ئاقلايسىز. سىزنىڭ قەستىڭىز مېنىڭ قىزىمدىمۇ؟

موماي:

— ياق بالام. مېنى نېمانداق چۈشەنمەيدىغانسەن، مەن قىزلار ئوقۇمىسۇن دېدىممۇ؟ ياخشى شارائىتى بولسا نېمىشقا ئوقۇمىسۇن؟ بىر ئىنساننىڭ، ئەڭ مۇھىمى بىر مۇسۇلماننىڭ مەقسىتى، ھەر ئىشتا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەش ئەمەسمۇ؟ ئەمما سىلەر پۈتۈنلەي باشقا نىيەتتە، «قىزىم ئوقۇپ دىپلوم ئېلىۋالسىلا بولدى» دەۋاتىسىلەر، — دەپ جاۋاپ بەردى.

ئارىف ئەپەندى تېرىكىپ:

— بولدى بەس، ـ دېدى ۋە داۋام قىلدى:

— بۇلارنى قويۇپ تۇرۇپ، ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەكلىكىگە كېلەيلى. قىزىمىزنىڭ ئىستىقبالى بىلەن ئويناشمايلى، بۇ دەۋردە ئوقۇمىسا بولمايدۇ، — ئارقىدىنلا ئايالىغا:

— خانىم، ئاۋۇ قىزىڭغا ئېيتىپ قوي! بۇندىن كېيىن پېيىگە چۈشكىنىم چۈشكەن. كىچىككىنە بىر خاتالىقىنى تۇتۇۋالسام، ئۇنى بوش قويۇۋەتمەيمەن.

ئاشخانىدا قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ، دادىسىنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاپ ئولتۇرغان ئايشەن توۋلىۋەتكىلى تاس قالدى. ئەمدى تېخىمۇ ئېھتىيات قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئەمدى ئۇ سۆيگىنى بىلەن قانداق كۆرۈشەر؟ ھەرقانچە پىنھان جايدا ئۇچراشقان بىلەنمۇ يەنىلا دادىسىنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئايشەن كۆڭلىدە دادىسىدىن ئاغرىندى، چۈنكى ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا ئاكىسى بولغان بولسا، دادىسى جەزمەن: «ئوغۇل بالا بولغاندىن كېيىن بوپتۇ، ھېچقىسى يوق» دېگەن بولاتتى. ئايشەن بۇ تەڭسىزلىككە غەزەپلىنەتتى.

جەمىلە موماي يەنە دەردىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولدى. بالىلىرىنىڭ ئاللاھتىن بۇ قەدەر يىراقلىشىپ كېتىشى ئۇنى تولىمۇ ئازاپلايتتى، كېچە ـ كۈندۈز بالىلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب تىلەپ دۇئا قىلاتتى ۋە دۇئالىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئىجابەت بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

بۇ ۋەقە بولۇپ ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتتى. بىر كۈنى ئارىف ئەپەندى كەچتە ئۆيگە كېلىپ ئوغلى يۇنۇسنىڭ تېخى قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى كۆردى. كەچلىك تاماقتىن كېيىن چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ ئايالىغا:

— خانىم، بۈگۈن بىزنىڭ ئوغۇلنى بىر قىز بىلەن كۆردۈم. قارىسام بىر ـ بىرسىگە تازا ماس كەپتۇ جۇمۇ! — دېدى زوق بىلەن.

— نېمە دېگىنىڭ ئۇ بېگىم، خۇدا ساقلىسۇن ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش بىرىنى تېپىشىدىن، — دېدى مەريەم.

— ھېچقىسى يوق، ئۇ دېگەن ئەر كىشى، ـ پەرۋاسىز جاۋاپ بەردى ئارىف.

— ئۇنداق دېمە، بەختسىزلىكنىڭ ئەركەك ـ چىشىسى بولمايدۇ، ـ دېدى مەريەم.

جەمىلە موماي:

— ئوغلۇم، ئەركەكنىڭ ئىپپىتى يوقمۇ؟ ئىپپەت دېگەن سۆز يالغۇز ئاياللارغىلا قارىتىلغانمۇ؟ ئايشەننى توسىسىلەر، يۇنۇسقا كەلگەندە ئاپىرىن دەيسىلەر. بۇ قانداق گەپ بولۇپ كەتتى ئەمدى؟

ئايشەن ئاشخانىدىن تىۋىشسىز چىقىپ كەلدى ۋە ئاستاغىنە ئىشىكنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ گەپ تىڭشاشقا باشلىدى. ئىچىدە بولسا تۇنجى قېتىم مومىسىغا: «يارايسەن موما، داۋام قىل» دەۋاتاتتى.

— نېمە بولاتتى، — دېگەچ داۋام قىلدى ئارىف:

— ئەركىشى دېگەن شۇ، يارىمىسا تاشلايدۇ.

جەمىلە موماينىڭ ئاچچىقى كەلدى:

— ئىسىت ساڭا ئارىف ئىسمىنى قويغىنىم، پەقەت ئىسمىڭغا لايىق ئاقىللارچە پىكىر قىلمايدىكەنسەن. سەن تېخى نېمە بولىدىغىنىنى بىلمەمسەن؟ نېمە بولاتتى، ئاللاھتىن يىراقلىشىدۇ، پەيغەمبەردىن يىراقلىشىدۇ! بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئاقىۋەت بولامدۇ؟ 

— شۇنى ئۇنتۇپ قالما ئانا، بۇلار تېخى ياش. كېيىنچە ئىبادىتىنىمۇ، توۋىسىنىمۇ قىلىۋالىدۇ.

— پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى ئەلىنى: «دىققەت قىل! نامەھرەمگە ئىككىنچى قېتىم باقساڭ، جاۋابكارلىققا تارتىلىسەن»دەپ ئاگاھلاندۇرغان ۋاقتىدا، ئەلى تېخى ياش ئىدى. ياشلىق ئاللاھ تەرىپىدىن بىزگە ئاتا قىلىنغان بىر نېمەتتۇر، ئۇنى خالىغانچە ئىسراپ قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. سەن دەپ باققىنە، سەن بىر ئۆينىڭ تۈۋرۈكى بولۇش سالاھىيىتىڭ بىلەن بالا ـ چاقاڭغا قاچان ئىگە بولىسەن؟

— چېچىلما ئانا، ئۇلارغا ھېچنېمە بولمايدۇ.

— ئوغلۇم، بۇ بىغەملىكىڭگە ھەقىقەتەن ھەيران قېلىۋاتىمەن.

ئارىف ئانىسىنىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويدى ۋە:

— ئۇنچىۋالا قىلىپ كەتمە ئانا، ھازىر دەۋر ئۆزگەردى، زامانغا ماسلاشماي بولمايدۇ، — دېدى.

بۇ گەپنى پۇرسەت بىلگەن مەريەم دەرھال ئېرىگە:

— بېگىم، يېڭى يىل كېلىپ قالدى، ئۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان كېچىلىككە ئايشەننىڭ ھەممە دوستلىرى بارماقچىكەن. شۇڭا ئۇنىڭغىمۇ ياخشىراق بىر قۇر كىيىم ئالايلىمىكىن دېۋىدىم، تەڭتۇشلىرىنىڭ ئالدىدا بوينىنى قىسىپ قالمىسۇن دەيمىنا، ـ دېدى.

— نەدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن؟ — دەپ سورىدى ئارىف.

— رايوننىڭ توي سالونىدا، — جاۋاپ بەردى مەريەم.

— كىيىمنى ئەلۋەتتە ئالىمىز، ئەمما بىر شەرتىم بار، سەن ئۇ كۈنى قىزىڭ بىلەن بىللە بارىسەن.

— بولماسمىكىن بېگىم، ھېچكىمنىڭ ئاتا ـ ئانىسى بارمايدۇ ئۇ يەرگە، ـ دەرھال قارشى چىقتى مەريەم.

— ئۇنداق بولسا ئاكىسى بىلەن بارسۇن، — دېدى ئارىف.

— بولىدۇ. ئەمىسە سەن پۇل قويۇپ قويغىن، ئەتە كىيىم ئالغىلى چىقىمىز.

جەمىلە موماي يەنە سەبىر قىلالمىدى، ئىچىدە: «باياتىن بېرى شۇنچە گەپ قىلىۋەتسەممۇ يەنە ئۆزلىرىنىڭ بىلگىنىنى قىلىۋاتىدۇ. ئاللاھنىڭ: ‹ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بار، ئەمما ئۇلار گاستۇر؛ كۆزلىرى بار، لېكىن ئۇلار ئەمادۇر» دېگىنى بەلكىم مۇشۇ بولسا كېرەك» دەپ ئويلىدى ۋە ئوغلىنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ سورىدى:

— توۋا قىلدىم، بىر مۇشۇ قالغان ئىدى. بۇ قىلىۋاتقانلىرىڭلار سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارغا توغرا كېلەمدۇ زادى؟

ئارىف جاۋاپ بەرمەي چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ پەندى ـ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىغۇسى كەلمىگەنىدى.

مەريەم قېينىئانىسىنى سىلكىدى:

ـ سەن ئولتۇرۇشۇڭنى بىلگىنە، نېمە دەپ ھەممە ئىشىمىزغا چات كېرىۋالىسەن؟

— بالام، قىلىۋاتقان ئىشىڭلار خاتا. بالىلىرىڭلارنى قاراپ تۇرۇپ ئوتقا ئىتتىرىۋاتىسىلەر، — دېدى جەمىلە ئانا.

— نېمىنى خاتا قىپتۇق؟ دۇنياغا ئىككى قېتىم كېلەمتى؟ — دېدى مەريەم.

— دۇرۇست، ئەگەر دۇنياغا يەنە بىر قېتىم كېلىش پۇرسىتى بولغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ ئاللاھنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايتتى.

— ھېچنېمە بولمايدۇ، ئاللاھ كەچۈرۈۋېتىدۇ. سەنچە بولغاندا كېچىلىككە بارماي دوستلىرىنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالسۇنمۇ؟

— ئاللاھ كەچۈرۈۋېتىدۇ دەيدىغانغا نېمە ئاساسىڭ بار؟ ئەگەر كەچۈرمىسىچۇ؟ ئۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالسا مەيلىمۇ؟

مەريەم جەمىلە ئانىنىڭ سۆزىنى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويماي، يەنە ئۆز گېپىنى يورغىلاتقىلى تۇردى:

— ئاپا، سەنمۇ ھە دېسىلا ئارىفنىڭ قۇلاق مېڭىسىنى يېمە، مېنىڭ ئاچچىقىم كېلىدۇ.

— قىزىم، ئۇلار مېنىڭ نەۋرىلىرىم. ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتقانلىقىمدىن سۆزلەيمەن شۇ، — دەپ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى جەمىلە ئانا.

— سەن ئالدى بىلەن ئۆزەڭگە ئىچ ئاغرىتىۋال، — مەريەم شۇنداق دەپلا موماينىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويدى.

جەمىلە ئانا ئاغزىنى يۇمۇشقا مەجبۇر بولدى، بۇرۇن ھېچكىم ئۆزىدىن چوڭلارغا بۇنداق تەلەپپۇزدا گەپ قىلمايتتى، ھەر دائىم ئەدەپلىك، ھايالىق بولۇشقا تىرىشاتتى. شۇ كىشىلەرنىڭمۇ ھېچقايسىسى ئۇنىۋېرستىتنى پۈتتۈرمىگەن. ھازىرقىلار بولسا ئوقۇغانسېرى بەتتەرلىشىپ كېتىپ بارىدۇ، ئەسلىدە ئوقۇغان كىشى دېگەن تېخىمۇ مەدەنىيەتلىك بولسا توغرا بولاتتى. بۇلار مەكتەپتە نېمە ئۆگىنىۋاتىدىكىن ـ تاڭ؟! ئۇ شۇ خىياللارنى قىلغاچ، ئاستا قوپۇپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. جەمىلە ئانا دەردىنى، ئىستەكلىرىنى يەنىلا ھەممىگە قادىر ئىگىسىگە ئېيتاتتى.

ئۇ ھەممىدىن مېھرىبان ئىدى؛ ھىدايەت قىلغۇچى، توۋا قىلغۇچىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگۈچى ئىدى؛ ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ يېگانە ئىلاھى ئىدى.

*  *  *  *  *

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن...

مەريەم خانىم ۋە قىزى ئايشەن دۇكانمۇ دۇكان باش تىقىپ يېڭى يىللىق كىيىم تاللاۋاتاتتى. ئايشەننىڭ  تاللىغىنى ئاپىسىغا يارىمايتتى، ئاپىسى ياقتۇرغاننى بولسا ئايشەن ياراتمايتتى. ئايشەن، «دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا كۈلكىگە قالىمەن» دەپ ئاپىسى تاللاپ بەرگەن ھەممە يېرىنى چۈمكەيدىغان كىيىملەرنى ئېلىشنى خالىمىغانسېرى، مەريەم خانىمنىڭ جاھىللىق بىلەن ئايشەن ياخشى كۆرىدىغان ئوچۇق، مودا كىيىملەرگە قارشى چىقىشى ئۇنى تېرىكتۈرۈپ، ئۆلتۈرەي دەۋاتاتتى.

ئۇلار شۇنداق تالاش ـ تارتىش قىلىپ يۈرۈپ، يەنە بىر دۇكانغا كىردى. دۇكاننىڭ ئاياللار كىيىملىرىنى ساتىدىغان تەرىپىدە خېرىدارلار تولۇپ كەتكەنىدى، ھېرىپ ھالى قالمىغان مەريەم خانىم بىر بوش يەر تېپىپ ئولتۇرۇۋېلىشقا  ئالدىرىدى. بۇ چاغدا دۇكاننىڭ مال ساتقۇچىسى يېتىپ كېلىپ :

— سىلەرگە قانداق ياردىمىم كېرەك؟ — دەپ سورىدى.

— يېڭى يىل كېچىلىكىدە كىيىدىغان كىيىم لازىم ئىدى، — دەپ جاۋاپ بەردى ئايشەن.

مال ساتقۇچى: «بولىدۇ» دېدى ـ دە، بىر نەچچە قۇر كىيىمنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، قىسقا يوپكىلارنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى...

بۇنى كۆرگەن مەريەم خانىم دەرھال:

— بولمايدۇ، بۇلار بەك قىسقىكەن. داداڭ كۆرسە ئاچچىقى كېلىدۇ، — دېدى.

مال ساتقۇچى ئۇنىڭ گېپىگە قارشى چىقتى:

— بۇنىڭ نەرى قىسقا؟ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىلىدىن ئېلىۋاتىدۇ. كىيگەن چاغدا دادىسىغا كۆرسەتمىسىلا بولدىغۇ!

بۇ سۆزلەر بىر چەتتە كىيىم تاللاۋاتقان ياش قىزنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە يېنىدىكى دوستى ئەسلەمگە:

— ئەسلەم، سەن تاللىغاچ تۇر، مەن ئاۋۇ تەرەپكە بېرىپ كېلەي، — دېدى ـ دە، ئايشەنلەر تۇرغان تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئەسلەم بولسا ئۆز ئۆزىگە:

— ھەلىمە يەنە ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى، ـ دەپ پىچىرلاپ قويدى.

ھەلىمە مال ساتقۇچىنىڭ قولىدىكى ئۇزۇنلۇقى 40 سانتىمېتىرمۇ كەلمەيدىغان يوپكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

— مۇشۇنى قىسقا ئەمەس دەۋاتامسىز؟ — دەپ سورىدى.

مال ساتقۇچى:

— نېمە، ئۇزۇنمىكەن؟ — دېدى ھەيرانلىق بىلەن.

ھەلىمە جاۋاپ بەرمەي، مەريەم خانىمغا بۇرۇلدى ۋە:

— كەچۈرۈڭ ھەدە، مەنچە سىز قىزىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ ئوتقا ئىتتىرىۋاتىسىز، — دېدى.

ئايشەن بۇ گەپكە چىداپ تۇرالماي دەرھال جاۋاپ بەردى:

— ھەركىم ئۆزىنى بىلىۋالسۇن، ھەركىمنىڭ ئۆز گۇناھى ئۆزىگە.

— ئۇغۇ شۇنداق سىڭلىم، لېكىن بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا دېگەن گەپ بار، — دېدى ھەلىمە.

ئايشەن ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ :

— كارىڭىز نېمە؟ — دېدى.

— مۇسۇلمان ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگەچكە بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتىمەن. مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماننى ئاگاھلاندۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار، — دېدى ھەلىمە.

مال ساتقۇچى قىز ئارىغا كىردى:

— بۇ يەر سىزنىڭ ئەكسىيەتچى كۆز قاراشلىرىڭىزنى تەرغىپ قىلىدىغان يېرىڭىز ئەمەس.

— بۇ نېمە دېگنىڭىز؟ — دەپ سورىدى ھەلىمە.

— نېمە بولاتتى، شۇ تاپتا قالاقلىقنى تەشۋىق قىلىۋاتىسىز، — دەپ جاۋاپ بەردى مال ساتقۇچى.

— قالاقلىقتىن خۇدايىم ساقلىسۇن، مۇسۇلمان قالاق بولمايدۇ، شۇڭا بۇ گېپىڭىزنى ئۆزۈمگە ئالمايمەن. مەن پەقەت ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتىم خالاس، — دېدى ھەلىمە.

ئايشەن:

— كارىڭىز بولمىسۇن دېدۇققۇ، — دېدى.

— قېرىندىشىم، جېنىم سىڭلىم! مېنىڭ قانداقمۇ كارىم بولمىسۇن؟ كىممۇ سەندەك بىر گۈزەل قىزنىڭ ئاللاھ رازىلىقىغا ئېرىشەلمەسلىكىگە قاراپ تۇرالايدۇ؟

— خۇددى مېنى تونۇيدىغاندەكلا گەپ قىلىسىزغۇ؟ — زاڭلىق قىلغاندەك سورىدى ئايشەن.

— سىزنى تونۇش تونۇماسلىقىمنىڭ كارى چاغلىق، ئەمما بىز دىنىي قېرىنداش، — دېدى ھەلىمە.

— ئەمىسە سىز ئاللاھنىڭ مەندىن رازى بولمايدىغانلىقىنى نەدىن بىلىسىز؟ — دەپ سورىدى ئايشەن.

— ئۆزىڭىز دەپ بېقىڭە قېنى، سىزچە رازى بولارمۇ؟

ئايشەن گەپ قىلالماي قالدى، «بەلكىم دېگەنلىرى توغرىدۇر» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى. تاقەت قىلالمىغان مال ساتقۇچى:

— دۇنياغا ئىككى قېتىم كېلەمتى، سىزچۇ، تولا مېنىڭ ئىشىمغا ئارىلاشماڭ، — دېدى ئاچچىق بىلەن.

— توغرا ئېيتىسىز. پەقەت بۇ دۇنياغا يەنە بىر قېتىم تۆرىلىش ئىمكانىيىتى يوق بولغاچقىلا، تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇش، ئۆمرىنى قەدىرلەش كېرەك، — دېدى ھەلىمە ۋە مەريەم خانىمغا :

— قوزىڭىزنى ئۆز قولىڭىز بىلەن بۆرىلەرگە تاشلاپ بەرمەڭ. «كېيىنكى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن» دېگەن گەپ بار، — دېدى.

مەريەمنىڭ ئەمدى ھەقىقەتەن ئاچچىقى كەلگەنىدى، شۇڭا يۈز ـ خاتىرە قىلىپ تۇرمايلا ۋارقىرىدى:

— ماڭە نېرى، ئىشىڭنى قىلە! ھەممىمىز مۇسۇلمان، ھەركىم ئۆزىنى بىلىۋالسۇن.

— بۇ ئىشلارغا ئۆزۈڭ شاھىد بول، ئى ئاللاھ! — دەپ نىدا قىلدى ھەلىمە ۋە دوستى ئەسلەمنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. ئەسلەم دوستىغا كايىدى:

— دائىم شۇنداق ئۆزۈڭگە ئىش تېپىپلا يۈرىسەن، نېمە قىلسا قىلمامدۇ، سېنىڭ نېمە كارىڭ؟

— بۇ گەپ سېنىڭ ئاغزىڭدىن قانداق چىقتى؟ كارىم بولماي تۇرالامدىم؟ پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇرۇنقىلار ھەققىدە: «ئۇلار يامانلىقلارنى توسمىغانلىقى ئۈچۈن، يامانلىق قىلغۇچىلار بىلەن بىللە ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى» دېگەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ — دېدى ھەلىمە.

— ئەمما بىر نۇقتىنى ئۇنتۇپ قالدىڭ، — دېدى ئەسلەم.

— قايسى نۇقتا؟ — دەپ سورىدى ھەلىمە.

— يامانلىقنى شۇنداق قارىسىغىلا توسقىلى بولاتتىمۇ؟ تەبلىغنىڭ، نەسىھەتنىڭ، دەۋەتنىڭ ھېچ رولى يوقمۇ؟ ھەقىقەتنى ياقلاش بىزنىڭ ھوقۇقىمىز، لېكىن ئۇيغۇن بولمىغان ۋاقىتتا، خاتا ئۇسۇلنى قوللىنىش ئەكسىچە نەتىجە بېرىدۇ. سەنچە دېگەنلىرىم توغرىمۇ؟ — دېدى ئەسلەم.

— گېپىڭ ئورۇنلۇقتەك تۇرىدۇ، خاتا قىلغان بولسام. ئاللاھتىن گۇناھىمنى تىلەيمەن. ئەمما مېنىڭ مەقسىتىم، ئازراق بولسىمۇ ياخشىلىقنىڭ ئۇرۇقلىرىنى چېچىش ئىدى، ئەپسۇس، شور تۇپراقتا گىيا ئۈنمەيدىكەن، — دېدى ھەلىمە خورسىنىپ.

— نېمىگە خورسىنىسەن؟ — دېدى ئەسلەم، — ھەر چاقىرىققا دەماللىققا ھەممە ئادەم ئەگىشىپ بولالامدۇ؟

— مەن ئۇنى دېمىدىم، — دېدى ھەلىمە.

— ئەمىسە نېمە؟

— ئەجەبا بىزدەك مىللەتتىن دۇنيادا يەنە بىرى بارمىدۇ؟ — دېدى ھەلىمە.

ئەسلەم چۈشەنمەي :

— ئۇ نېمە دېگىنىڭ ئەمدى؟ — دەپ سورىدى.

— ئېتىقادتا ئاينىغان، ئۇ تەڭدىشى يوق ئىسلام دىنىغا ئەمەس، بەلكى ئۆز كاللىسىدا شەكىللەندۈرۈۋالغان ئاتالمىش «ئىسلام» غا ئېتىقاد قىلىۋاتقان؛ ئىسمى مۇسۇلمان، قىلىقى كاپىر؛ دىنى ئىسلام، تۇتقان يولى غەربچە. مۇشۇنداق مىللەت بارمىدۇ؟ ئاھ خۇدا، نېمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقاندىمىز

ئەسلەم:

— بولدى قايتايلى ئەمدى، قارا، يەنە ئۈمچەيگىلى تۇردۇڭ، — دېدى.

ئۇلار دۇكاندىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا، ھەلىمە مال ساتقۇچىنىڭ ئۆزىگە قاراپ ئالايغانلىقىنى كۆرگەن بولسىمۇ، يەنىلا تەبەسسۇم بىلەن:

— ئىشىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن، — دېدى ۋە قوشۇپ قويدى:

— مېنىڭ ئىشىڭىزغا ئارىلىشىۋېلىش نىيىتىم يوق ئىدى. قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بارغىنىمىزدا، بۈگۈنكى ئىش ئېسىڭىزگە كەلگەندە، مېنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىز، ئەمما ئۇ چاغدا تولىمۇ كېچىككەن بولىسىز. ئاللاھنىڭ سالىمى ھىدايەت تاپقانلارغا بولسۇن!

ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئايشەن ئۆز ـ ئۆزىگە سۆزلىدى:

— ماۋۇ ئىشنى قارىمامدىغان. مومامغۇ قېرى، چۈشەنمەيدۇ دېسەم، ئەسلىدە ياشلارنىڭ ئىچىدىمۇ مومامدەك قالاقلار باركەن ئەمەسمۇ؟

نىھايەت، ئايشەن ئۆزى ياقتۇرغان كىيىمدىن بىرنى ئالدى. ئەمما بۇ كىيىمنى دادىسىغا كۆرسەتمەسلىكنى پىلانلىدى، چۈنكى دادىسى ئۇنىڭ بۇنچىۋالا قىسقا كىيىم كىيگىنىنى كۆرسە چوقۇم ئاچچىقلايتتى. بوپتۇ، دادىسىدىنغۇ يوشۇرار، ئەمما ئىككى مۈرىسىدىكى پەرىشتىلەردىن يوشۇرۇپ قالالارمۇ؟ پەرىشتىلەردىنمۇ يوشۇردى دەيلى، ئاللاھتىنچۇ؟ ئاللاھتىن يوشۇرالمايدىغانلىقى ئېنىق. ئۇ ھالدا بۇلارنى يەنە ئويلاپ ئولتۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى، بىر كۈن بولسىمۇ دۇنيادا ياشىغىنى ئەۋزەل...  

يېڭى يىل يېتىپ كەلدى. ئايشەننىڭ تەييارلىقلىرىمۇ پۈتۈپ قالغان ئىدى، ھەتتا جابدۇنىدىغان ساتىراشخانا بىلەنمۇ كېلىشىپ قويدى. دادىسىنى قايىل قىلىش بىر ئاز تەسكە چۈشكەن بولسىمۇ، ئاپىسى يەنە ئۇنىڭ ياردىمىگە يېتىشتى. ياشلىقىنىڭ پەيزىنى سۈرەلمىگەن ئاپىسى ئايشەننىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرىشكە تەييار ئىدى.

يېڭى يىل ئاخشىمى ئايشەن ئاكىسى يۇنۇس بىلەن بىللە ئۆيدىن چىقتى. تالاغا چىقىشىغا يۇنۇس سىڭلىسىدىن:

— ئۆزۈڭ يالغۇز بېرىشنى خالامسەن؟ — دەپ سورىدى.

ئايشەن قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي قالدى، «ئاكام مېنى چېكىپ بېقىۋاتقان بولمىسۇن يەنە» دېگەن ئوي كاللىسىدىن يالت قىلىپ كەچتى ۋە نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمىدى. يۇنۇس ئۇنىڭ تېڭىرقاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ تەكرار سورىدى:

— خالامسەن دەۋاتىمەن؟ مەنمۇ نۇرتەن بىلەن كۆرۈشمەكچىدىم. سەن ۋاقىت بەلگىلە، مەن شۇ چاغدا كېلىپ سېنى ئېلىپ كېتىمەن.

ئايشەن خۇشاللىقتىن سەكرىۋېتىشكە تاس قالغان بولسىمۇ، چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ:

— مەيلى، — دەپلا جاۋاپ بەردى ۋە ئاكا ـ سىڭىل كېلىشىپ ئايرىلىشتى. مەريەم خانىم بىلەن ئارىف ئەپەندى بولسا، قىزىنى ئاكىسىغا تاپشۇرغىنىدىن خاتىرجەم ھالدا ئۆيدە ئولتۇراتتى.

*  *  *  *  *

ئايشەن ساۋاقدىشى سەھەر بىلەن كۆرۈشۈپ يېڭى يىل كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدىغان زالغا قاراپ مېڭىشتى.

 دەل شۇ چاغدا يۇنۇسمۇ نۇرتەن بىلەن كۆرۈشۈشكە تەقەززا بولۇۋاتاتتى،  دېيىشىپ قويغان يېرىگە يېتىپ كەلگىنىدە نۇرتەن تېخى كەلمىگەنىدى. ئۇ بىر يەرنى تېپىپ ئولتۇرۇپ سۆيگىنىنى ساقلىغاچ ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتتى، نېرىدا شالاڭ ساقال قويۇۋالغان بىر يىگىت كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇراتتى. يۇنۇس ئۇنىڭدىن سائەتنى سورىماقچى بولدى، لېكىن يىگىتنىڭ دىققىتىنى بۆلۈشنى خالىمىدى. بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرۇپ، ئاخىرى ئېغىز ئاچتى:

— كەچۈرۈڭ...

يىگىت بېشىنى كۆتۈرۈپ:

— ماڭا دەۋاتامسىز؟ — دەپ سورىدى.

— ھەئە، سائىتىڭىز قانچە بولدى؟

يىگىت سائىتىگە قاراپ قويۇپ جاۋاپ بەردى:

— ئالتە يېرىم بولدى.

— رەھمەت، — دېدى يۇنۇس.

دېمەك، نۇرتەننىڭ كېلىشىگە يەنە يېرىم سائەت بار ئىدى، يۇنۇسنىڭ ئىچى سىقىلىپ چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتتى. بۇنى كۆرگەن يىگىت:

— تىت ـ تىت بولۇۋاتقان ئوخشىمامسىز؟ — دەپ سورىدى.

— شۇنداق، يەنە يېرىم سائەت بار ئىكەن، مەن ساقلاشقا بەك ئۆچ، — دېدى ۋە ئارقىدىنلا:

— دوستۇمنى ساقلاۋاتاتتىم، — دەپ قوشۇپ قويدى.

— شۇنداقمۇ؟ مەنمۇ ساقلاشقا ئۆچ. ئەمما ئىنسان ئۆمرى ساقلاش بىلەن ئۆتىدۇ، ئەگەر ساقلاۋاتقىنىڭىز سۆيگەن كىشىلىرىڭىز بولۇپ قالسا، ۋاقىتنىڭ ئۆتمىكى تېخىمۇ تەس، — دېدى يىگىت.

يۇنۇس تېڭىرقاپ قالدى، ئىچىدە «بۇ يىگىت مېنىڭ سۆيگىنىمنى ساقلاۋاتقىنىمنى بىلىپ قالغان ئوخشىمامدۇ» دەپ ئويلىدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەكچى بولدى.

يۇنۇس:

— سىزمۇ سۆيگىنىڭىزنى ساقلاۋاتامسىز؟ — دەپ سورىدى.

— شۇنداق. لېكىن مېنىڭ سۆيگىنىم كەلمەيدۇ، مەن ئۇنىڭ يېنىغا بارىمەن، — دەپ جاۋاپ بەردى يىگىت.

— ھە، دېمەك سۆيگىنىڭىز يىراقتا ئىكەندە؟

— ھەم شۇنداق ھەم ئەمەس.

— چۈشىنەلمىدىم، — دېدى يۇنۇس گاڭگىراپ.

يىگىت گەپنى يۆتكىۋەتتى:

— سۆيگىنىمنى ساقلاۋاتىمەن دەڭ.

— ھەئە. سىز قانداق بىلدىڭىز؟

يىگىت دەماللىققا جاۋاپ بەرمىدى، سەل تۇرۇۋېلىپ يەنە سۆز تېمىسىنى يۆتكىمەكچى بولۇپ سورىدى:

— سىزچە سۆيگۈ دېگەن نېمە؟

يۇنۇس بۇ كۈتۈلمىگەن سوئالغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەي يىگىتكە قارىدى، يىگىتنىڭ چىرايىدا ئاجايىپ بىر خىل ئۆزىگە ئىشىنىش ئىپادىسى بار ئىدى.

— سۆيگۈ بىرخىل گۈزەل ھېستىن ئىبارەت، — دەپ جاۋاپ بەردى يۇنۇس.

— سىزچە سۆيگۈ بىلەن ھەۋەسنىڭ، ئارزۇنىڭ، ئۆتكۈنچى ھېس ـ تۇيغۇلارنىڭ پەرقى نېمە؟ — دەپ سورىدى يىگىت.

— كاللام ئېلىشىپ كەتتى، سىز پىسخولوگمۇ؟

— ياق، ـ دېدى يىگىت.

— بۇ دېگەنلىرىڭىزنى پەقەت ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، ـ دەپ جاۋاپ بەردى يۇنۇس.

— دېمىسىمۇ بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدە پىكىر ۋە تەپەككۇر گادايلىقى ئېغىرلىشىپ كەتتى. ئەمما ئىنساننى ئىنسان قىلىدىغان ئۇنىڭ تەپەككۇرىدۇر، ـ دېدى يىگىت.

— ئەمىسە سىزنىڭ بايا دېگەنلىرىڭىزنى قانداق پەرق ئېتىمىز؟ ـ دەپ سورىدى يۇنۇس.

— مەنچە ئەڭ مۇھىمى، ئىنساننىڭ ئۆز ـ ئۆزىنى تونۇشىدۇر. ئىنسان  ھېسلىرى بىلەن ئۆتكۈنچى ھەۋەسلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىقى، ئۆز پىكىر ۋە تۇيغۇلىرىنى ئېنىق بىلىشى لازىم، ـ دەپ جاۋاپ بەردى يىگىت.

— دوستۇم، سۆزلىرىڭىزنى شۇنچە قىلىپمۇ چۈشىنەلمىدىم. تېپىشماقتەكلا گەپ قىلىدىكەنسىز، ـ دېدى يۇنۇس.

يىگىت كۈلۈمسىرىدى. يۇنۇسنىڭ بۇ سەمىمىيلىكىنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى ۋە جاۋابەن قولىنى سۇندى:

— تونۇشۇپ قالايلى، مېنىڭ ئىسمىم ئۆمەر فارۇق. كەچلىك كۇرستا ئوقۇۋاتىمەن، كۈندۈزلىرى ئالەمدار كوچىسىدىكى بولكىخانىدا ئىشلەيمەن.

— مېنىڭ ئىسمىم يۇنۇس، بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن.

— تونۇشقىنىمىزغا خۇشالمەن.

ئۇ ئىككىسى ئەمدىلا قول ئېلىشىپ تۇرۇشىغا، نۇرتەن كېلىپ قالدى ۋە يۇنۇسقا:

— تېچلىقمۇ قەدىرلىكىم، ساقلىتىپ قويدۇممۇ؟ — دېدى.

— ياقەي، ـ دېدى يۇنۇس ۋە ئورنىدىن تۇرۇۋېتىپ، ئۆمەر فارۇققا قاراپ:

— خەيرـ خوش ئاغىنە، سەل تۇرۇپ بەلكىم سېنىڭكىمۇ كېلىپ قالار، ـ دېدى.

— خەير، ئامان بولغىن. دېدىمغۇ مېنىڭ سۆيگىنىم كەلمەيدۇ، مەن بارىمەن، ـ دېدى ئۆمەر.

— ئۇنداق بولسا ئۇنى بەك ساقلىتىۋەتمە، ـ دېدى يۇنۇس.

— ئەمما بارىدىغان كۈنۈمنىمۇ ئۇ بەلگىلەيدۇ.

— خوش ئەمىسە، بىز كەتتۇق، — دېدى يۇنۇس ۋە قىز دوستىنى ئېلىپ ماڭدى.

ئۆمەر فارۇق يۇنۇسنىڭ ئارقىسىدىن ۋارقىرىدى:

— ئۇنتۇپ قالما، ئالەمدار كوچىسىدىكى يۇلتۇز بولكىخانىسى. ساقلايمەن جۇمۇ!

ئۇ جايىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، يەنە كىتابىنى ئاچتى. «كىتابسىز مىللەت تىرىك مۇردا» دېگەن سۆزگە چوڭقۇر ئىشىنىدىغان ئۆمەر يېنىدىن كىتاب ئايرىمايتتى. ئۇ كىتابنى ۋاراقلاۋېتىپ ئۆز ئۆزىگە پىچىرلىدى:

— ئەھلى كىتاب بىر خەلق، قانداقسىگە بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قالدۇق؟

. . . . .

ۋاقىتنىڭ يېرىم كېچە بولۇپ قېلىشىغا قارىماي، ئاكىسىنىڭ تېخىچە قارىسىنىڭمۇ كۆرۈنمەيۋاتقانلىقى ئايشەننى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى. يۇنۇس بولسا ئىچكەن پىۋىسىنىڭ كەيپىدە ئايشەننى ۋە ۋاقىتنىڭ كەچ بولۇپ كەتكىنىنى پۈتۈنلەي ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان ئىدى.

ئايشەن ئاخىرى سۆيگىنى ۋۇرالغا:

— قەدىرلىكىم، مەن كەتمىسەم بولمايدۇ، دادام بەرگەن مۆھلەت توشتى، ئاكام بولسا تېخىچە يوق، ـ دېدى.

— نېمە دەيدىغانسەن؟ سەن كىچىك بالىمىتىڭ؟ ئەتە ـ ئۆگۈن سىتۇدېنت بولىدىغان تۇرۇقلۇق، تېخىچە ئۆيدىكىلىرىڭنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقالماي يۈرەمسەن؟ — دېدى ۋۇرال.

— توغرا دەيسەن، لېكىن ئۇلار بىلەن ياشاۋاتقاندىن كېيىن ئامال قانچە، ـ دېدى ئايشەن.

— بۇرۇنمۇ مەن ساڭا: «بىللە تۇرايلى» دېگەن. ياخشىسى بۇنى يەنە ئويلىنىپ باققىن.

دەل شۇ چاغدا  زالدا يۇنۇس پەيدا بولدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئادەملەر توپى ئىچىدىن سىڭلىسىنى ئىزدەيتتى. زالنىڭ ئىچى تولىمۇ قالايمىقان بولۇپ، ھاۋادا لەيلەپ يۈرگەن تاماكا ئىسى، ھاراق بۇسى قوشۇلۇپ كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتاتتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈستىلىدە  بولسا ئىچىشۋازلىق قىزىپ كەتكەنىدى. ۋەتەننىڭ كېلەچىكى بولغان بۇ ياشلار ھېچ ئۇيالماي خەقنىڭ كۆزىچىلا ھاياسىز قىلىقلارنى قىلاتتى.

يۇنۇس بۇلارنى كۆرۈپ يىرگىنىپ كەتتى. «مەن جېنىمدا خەقتىن يوشۇرۇن قىلىمەن» دەپ ئويلىدى ئىچىدە. ئۇ ئاخىرى سىڭلىسىنى تاپتى. تاپتى ـ يۇ، ئۇنىڭ بىر يىگىت بىلەن تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئەرۋايى قىرىق گەز ئۆرلىدى. ئۇچقاندەك بېرىپ سىڭلىسىنىڭ قولىدىن تارتتى. چۆچۈپ كەتكەن ئايشەن دۇدۇقلاپ:

— مەن، مەن.... ـ دېيەلىدى ئارانلا.

يۇنۇس ئۇنى تارتقۇشلىغىنىچە:

— ماڭە! — دېدى ۋە زالدىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئۇلار يول بويى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدى. ئۆيگە كەلگىنىدە ئارىف ئەپەندى تېخى قايتىپ كەلمىگەنىدى. مەريەم بولسا بالىلار دادىسىدىن بۇرۇن قايتىپ كەلسىدى دەپ ئەنسىرەپ ئولتۇراتتى.

يۇنۇس ئۆيگە كىرە ـ كىرمەيلا سىڭلىسىنى بىر كاچات سالدى. ئايشەن يەرگە يىقىلدى، ئۇ تېخى ئورنىدىن تۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيلا ئىككىنچى كاچاتنى يېدى. ۋاراڭ ـ چۇرۇڭنى ئاڭلىغان مەريەم يۈگۈرۈپ كەلدى:

— نېمە بولدى؟ نېمىشقا ئۇرىسەن سىڭلىڭنى؟ ـ دەپ سورىدى يۇنۇستىن.

ئايشەن يەرگە يىقىلغىنىدا قىسقا يوپكىسىدىن ئۇياتلىق يەرلىرى كۆرۈنۈپ قالدى. بۇنى كۆرگەن جەمىلە موماي خىجىللىقتىن قىزىرىپ كەتتى. كۆز ياشلىرى قورۇق باسقان يۈزىنى بويلاپ چۈشمەكتە ئىدى:

— ئاھ ، خۇدا ! بۇ بىر ئاپەت! بۇلار ئەمدى ئۇياتلىق يەرلىرىنى ئېچىشتىنمۇ خىجىل بولمايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ، ـ دەيتتى ئۆز ـ ئۆزىگە.

يۇنۇس ۋارقىرىدى:

— بۇ قىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۆيدىن تالاغا چىقىشىغا رۇخسەت يوق.

مەريەم:

— زادى نېمە ئىش بولدى؟ گەپ قىلساڭچۇ؟

— نېمە بولغىنىنى ئۆزىدىن سورا، ـ دېدى يۇنۇس.

ئايشەن يېگەن تايىقىنىڭ ئاچچىقىدا ۋارقىرىدى:

— دەپ باقە قېنى، ئۆزۈڭ نەدە ئىدىڭ؟ سېنىڭ قىلىپ يۈرگەنلىرىڭ توغرا، مېنىڭكى خاتامۇ؟

— ئاغزىڭنى يۇم! ئائىلىمىزنىڭ ئابرويىنى بىر تىيىن قىلىۋاتىسەن، بىلەمسەن شۇنى؟ ئەدەپسىز! ـ دېدى يۇنۇس.

ئايشەنمۇ بوش كەلمىدى:

— ماڭا تولا ئابروي توغرۇلۇق گەپ ساتما، ئالدى بىلەن سەن ئۆزۈڭنى باشقۇرىۋال!

يۇنۇس:

— ئاغزىڭنى يۇم دەۋاتىمەن ساڭا، تولا گەپ قىلما! — دېگىنىچە قىزغا دېۋەيلىدى. مەريەم دەرھال ئارىغا كىرىپ ئۇلارنى ئاجراتتى:

— ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال، تولا سىڭلىڭنى دۈشكەلىمە.

— سېنىڭ قىزىڭ خەقنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىللە يۈرىدۇ، ـ دېدى يۇنۇس.

ئايشەن دەرھال:

— سېنىڭ ئوغلۇڭمۇ خەقنىڭ قىزلىرى بىلەن.... — دېيىشىگە، مەريەم ئۇنىڭ سۆزىنىڭ بېلىگە تەپتى:

— بولدى قىل! ئۇ دېگەن ئوغۇل بالا. بىز سېنىڭ دېگىنىڭنى قىلىپ بېرىۋاتساق، يەنە بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈشتىن نومۇس قىلمامسەن؟ مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئۇنىۋېرستېتتا ئوقۇيمەن دەپ خام خىيال قىلما.

— سېنىڭ نېمە كارىڭ؟ ـ دەپ ۋارقىرىدى ئايشەن.

— نېمە دېدىڭ؟!

— مېنىڭ ھاياتىمغا ئارىلىشىش ھوقۇقۇڭ يوق، ئۇقتۇڭمۇ؟ ـ دەپ قارشىلاشتى ئايشەن.

يۇنۇس بۇ گەپنى ئاڭلاپ يەنە سىڭلىسىنى ئۇرماقچى بولۇپ يۈگۈرۈپ كېلىۋېدى، ئاپىسى ئۇنى تۇتۇۋالدى.

ئايشەن ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. چۈنكى دادىسى كېلىشتىن بۇرۇن كىيىملىرىنى يۆتكىۋېلىشى كېرەك ئىدى. ئاپىسى قىزىنىڭ كەينىدىن كىرىپ كەتتى، يۇنۇس كارىۋاتقا كېلىپ ئولتۇردى ۋە يېنىدا ئولتۇرغان مومىسىنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئەگىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.

— نېمىشقا يىغلايسەن؟ ـ دەپ سورىدى مومىسىدىن.

جەمىلە موماي نەۋرىسىنىڭ ئاغزىدىن كېلىۋاتقان ھاراق پۇرىقىدىن سەسكىنىپ كەتتى، ئۇنىڭ يىغىسى تېخىمۇ كۈچەيدى:

— ئوغلۇم، سەن يېقىنلىرىڭنىڭ ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭ، يىغلىماي تۇرالامسەن؟

— يىغلايمەن، ئەمما ئاۋۋال قۇتقۇزۇشقا تىرىشىمەن.

— شۇنداق بالام، مەنمۇ دەل ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقان يېقىنلىرىمنى قۇتقۇزالمىغىنىم ئۈچۈن يىغلاۋاتىمەن.

يۇنۇس چۈشىنەلمەي:

— كىم ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋېتىپتۇ؟ ـ دەپ سورىدى.

— ئاھ ، جېنىم بالام، كۆز ئالدىمدا سىلەرنىڭ بىر ـ بىرلەپ ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقىنىڭلارنى كۆرۈپ، يۈرىكىم پارە ـ پارە بولۇپ كېتىپ بارىدۇ.

— كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما موما، ئىككى كاچات ئۇرۇپ قويغانغا ھېچنېمە بولمايدۇ.

— مەن تاياقنى دېمەيۋاتىمەن. قارىغىنە، سېنىڭ ئاغزىڭ ھاراق پۇراپ تۇرىدۇ، سىڭلىڭ بولسا  يېرىم يالىڭاچ، ھەتتا قىپيالىڭاچ دېسىمۇ بولىدۇ.

— يېرىم يالىڭاچ؟ ھەم يېرىم، ھەم يالىڭاچ، بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟ مەنمۇ پەقەت ئىككى رومكىلا پىۋا ئىچىپ قويدۇم شۇ، ـ دېدى يۇنۇس.

— شۇنداق. بۈگۈن پىۋا، ئەتە ئاق ھاراق. سىڭلىڭ بولسا ئۇچىسىدا كىيىم تۇرۇقلۇق، ئۇ يەر بۇ يېرى ئوچۇق. بۇ يېرىم يالىڭاچ بولماي نېمە؟

يۇنۇس جاۋاپ بەرمىدى. جەمىلە موماي داۋام قىلدى:

— بالام، مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن؟ ياپياش تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ سۆزىگە، ئەمرلىرىگە قۇلاق سالمايسىلەر. سىڭلىڭنى ئۇرىسەن، ئەمما سەنمۇ سىڭلىڭدىن قېلىشمايسەن.

— ئەسلىدە سەنمۇ ئايشەن تەرەپتە تۇرىدىكەنسەن ـ دە؟

— ئۇنداق ئەمەس، مەن پەقەت ئىككىڭلارنىڭ خاتالىقلىرىنى كۆرسىتىپ بەرمەكچى.

— مەن سىڭلىمنىڭ ئائىلىمىزنىڭ ئابرويىغا داغ چۈشۈرۈشىگە يول قويمايمەن.

— بالام، سەن يۈرۈۋاتقان قىزنىڭمۇ ئاكىسى باردۇ؟ ئەر كىشىمۇ ئۆز ئىپپەت ـ نومۇسىنى قوغدىشى كېرەك. ئاللاھ قۇرئاندا: «زىنا قىلغان ئەرلەر ۋە زىنا قىلغان ئاياللار» دېيىش ئارقىلىق، بېرىلىدىغان جازانىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ.

— توۋا دېگىنە موما، مەن ھېچقاچان زىنا قىلمىدىم، — دېدى يۇنۇس ئالدىراپ.

— زىنا پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەتنىلا كۆرسەتمەيدۇ. ئاللاھ دىنىمىزدا ھارامنى چەكلەپلا قالماي، بەلكى ھارامغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنىمۇ چەكلىگەن. ئاللاھ قۇرئاندا: «(ئى مۇھەممەد!) مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (ئۇلار) ھارامغا كۆز تىكمىسۇن ۋە ئۆزىنىڭ مەھرەملىرىنى قوغدىسۇن. چۈنكى (بۇنداق قىلىش) ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى ئوبدان بىلىدۇ. مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىنكى، ئۇلار كۆزلىرىنى نامەھرەم ئەرلەرگە تىكمىسۇن، ئىززەت ـ نومۇسىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىك يەرلىرىنى نامەھرەملەرگە كۆرسەتمىسۇن، كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يەرلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.»

— بولدى قىل موما، ھازىر دەۋىر ئۆزگەردى.

— ئاھ ، يۇنۇس! سەن تۇغۇلغاندا رەھمەتلىك بوۋاڭ قۇلىقىڭغا ئەزان توۋلاپ، ئىسمىڭنى قويغانىدى. ئۇ سېنىڭ ئۇلۇغ بىر ئالىم بولۇپ چىقىشىڭنى ئۈمىد قىلاتتى.

— شۇڭا ئوقۇۋاتىمەنغۇ...

— ئاھ ، جېنىم بالام! سەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپلەر ئالىم ئەمەس، زالىم يېتىشتۈرۈۋاتىدۇ. خاتالاشمىسام مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم، ئەدەپ ـ ئەخلاق ئۆگىتىدىغان يەرغۇ دەيمەن؟ سەن دەپ باققىنە قېنى، مەكتەپتە سىلەرگە نېمىلەرنى ئۆگىتىۋاتىدۇ؟

ـ ۋاي جېنىم موما، سەنمۇ يوقىلاڭ ئىشلاردىن ئەندىشە قىلىپ يۈرىدىكەنسەن!

— بەلكىم بىركۈنلەردە مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ تېگىگە يېتىپ قالارسەن بالام.

شۇ ئەسنادا ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى. دېمەك ئارىف ئەپەندى قايتىپ كەلگەنىدى. مەريەم خانىم دەرھال ئۇلار ئولتۇرغان ئۆيگە كىرىپ:

— بايا بولغان ئىشلارنى داداڭ بىلمىسۇن، ـ دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ قويدى.

ئايشەن بولسا ئاللىقاچان يۈزلىرىنى يۇيۇپ، كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ بولغان بولۇپ، ئاشخانىدا ئاپىسىغا قارىشىۋاتاتتى.

ئارىف ئەپەندى قولىنى يۇيۇپ چىقىپ ئاپىسىدىن ئەھۋال سورىدى:

— ياخشى تۇردۇڭمۇ ئانا؟

موماينىڭ جاۋاپ بېرىشكە ھېچ تاۋى يوق ئىدى، شۇڭا ياخشى دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەندى. بۇ چاغدا  قولىدا تەخسە كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلگەن ئايشەننى كۆرگەن ئارىف ئەپەندى:

— ئوھۇ! مېنىڭ قىزىم قايتىپ كەپتىغۇ، كەچ قالماپسەن قىزىم، يارايسەن! ـ دېدى ۋە بىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك ئايالىغا قاراپ:

— ھە راست خانىم، مەن ئايشەنگە ئەڭ ياخشى كۇرستىن بىرنى ئۇقۇشۇپ قويدۇم. ئوقۇش بەدىلى بىرئاز قىممەتكەن، لېكىن قىزىم ئۈچۈن قانچە پۇل خەجلىسەكمۇ ئەرزىيدۇ، ـ دېدى. ئايشەن خوشاللىقىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ دادىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلدى.

— مېنىڭ قىزىم كەلگۈسىدە دوكتۇر بولىدۇ، دادىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ، ـ دېدى ئارىف ئەپەندى.

جەمىلە موماي يەنە سۆزگە ئارىلاشتى:

— ئوغلۇم، ئوقۇپ دوكتۇر بولۇشقۇ ياخشى ئىش. لېكىن ھازىر جەمئىيەت بەك بۇزۇلۇپ كەتتى، قىزلار ئايرىم ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولغان بولسا ياخشى بولاتتى.

ئايشەن مومىسىغا نەپرەت بىلەن قارىدى. ئارىف ئەپەندى:

— سەن غەم قىلما ئانا. نېمىلا بولمىسۇن ئوقۇپ دىپلومىنى ئېلىۋالمىسا بولمايدۇ، ـ دېدى.

— ئوغلۇم، ئاخىرەتتىمۇ بىزگە بىر دىپلوم بېرىلىدۇ. ئەگەر ئۇنى ئالالمىساڭ قانداق قىلىسەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە دىپلومنى ئېلىۋالسىلا ھەممە ئىش ھەل بولۇپ كەتمەيدىغۇ، قاراپ باققىنە ئەتراپىڭغا، ساپلا كۆزى ئوچۇق قارىغۇلار بىلەن تولغان.

— ئانا، يەنە كوتۇلدىغىلى تۇردۇڭ، نېمە ئۇ كۆزى ئوچۇق قارىغۇ دېگەن؟

— شۇنىمۇ بىلمىدىڭمۇ؟ ئوقۇغان ئادەم دېگەن ئۆزىنى سوراپ يۈرىدىغان، قارا...

موماي يەنە نېمىلەرنىدۇ دېمەكچىدى، ئەمما ئوغلى ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى:

— بولدىلا، يەنە دېسەك يەنە شۇ. مېنىڭ قورسىقىم ئېچىپ كەتتى، تاماق يەيلى.

تاماق يېيىلىۋاتقاندا، مەريەم خانىم تۇيۇقسىز:

— تاس قاپتىمىز ئۇنۇتقىلى، بۈگۈن بىز كۆرۈۋاتقان تېلۋىزىيە تىياتىرى بار ئەمەسمۇ؟ ـ دېدى ۋە دەرھال تېلۋىزورنى ئاچماقچى بولۇپ، تىزگىنەكنى قولىغا ئالدى.

جەمىلە موماي، تېلېۋىزورنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. ئەپسۇسكى، ھازىر كىشىلەر تېلېۋىزورغا خۇددى ئەپيۇنغا خۇمار بولغاندەك خۇمار بولۇشۇپ، ئۇنىڭسىز كۈن كەچۈرەلمەس ھالغا كەلگەنىدى.

— قىزىم، تامىقىمىزنى بىسمىللا دەپ يەيلى. قويمىغىنە شۇ شەيتاننىڭ نەرسىسىنى، ـ دېدى موماي.

— ئانا، ھەممە ئىشقا ئارىلىشىۋېلىپ، بىزنى ئەركىن نەپەس ئالالماس ھالغا چۈشۈرۈپ قويىۋاتىسىز. بىزنىڭ تېلۋىزور كۆرۈشتىن باشقا يەنە نېمە كۆڭۈل خۇشىمىز بار ئىدى؟ ـ دېدى مەريەم.

ئارىف ئەپەندىمۇ ئايالىغا بولۇشۇپ:

— ئانا، بۇنداق قىلىۋەرسەڭ بالىلارنى  زېرىكتۈرىۋېتىسەن، — دېۋىدى، موماي جىمىپ قالدى.

جەمىلە موماي بەزىدە ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ قالاتتى. ئۆلۈم تىلەشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا ھېچبىر كۆڭۈل خۇشلۇقى قالمىغان بۇ دۇنيادىن بالدۇرراق كېتىشنى تىلەپ ئاللاھقا يالۋۇراتتى.

ئۇ ئوغلىنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن غىققىدە بولۇپ قالدى، قارىماققا بېشىنى كۆتۈرمەي تاماق يەۋەتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، يېگەن لوقمىلىرى زەھەر ـ زوقۇم بولۇپ گېلىنى كۆيدۈرەتتى. باشقىلار بولسا غېمىدە يوق تېلۋىزور كۆرۈۋاتاتتى. جەمىلە موماي بىر چاغدا ئىختىيارسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ، كۆزلىرى تېلۋىزورغا چۈشۈشى بىلەن، ئىختىيارسىز توك سوقۇۋەتكەندەك تىترەپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەمدى بۇ يەردە ئولتۇرۇۋېرىشكە تاقىتى قالمىغانىدى، قوپۇپ ھۇجرىسىغا ماڭدى.

— ئانا، نەگە؟ ـ دەپ سورىدى ئارىف.

— ھۇجرامغا، ـ دەپ جاۋاپ بەردى ئانىسى.

— نېمە بولدى؟ تامىقىڭنى يېمەيلا تۇرۇپ كېتىپسەنغۇ؟

— يەنە نېمە بولماقچىدى؟ دادا، بالا، ئانا، قىز ئولتۇرۇپ غېمىڭلاردا يوق كارىۋاتتىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ئولتۇرىسىلەر. ئاللاھتىن قورقمىساڭلارمۇ، بەندىدىن ئۇيالساڭلار بولمامدۇ؟

مەريەم خانىم تاقەت قىلالمىدى:

— سەن ئارىلاشمىغان بىر مۇشۇ قالغان ئىدى. ناھايىتى بىر كىنوغۇ شۇ، سېنىڭ دەستىڭدىن خاتىرجەم ئولتۇرۇپ بىر نەرسە كۆرەلمەمدۇ كىشى؟ بۇ بەك ئېشىپ كەتتىغۇ دەيمەن، مېنىڭ ئۆيۈمدە تۇرۇۋاتقانلىقىڭ ئېسىڭدىن چىقىپ قالمىسۇن.

جەمىلە موماي غەزەپ بىلەن:

— نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىسەن؟ قۇرۇپ كەتسۇن سېنىڭ ئۇنداق كىنويۇڭ! ـ دېدى ۋە ئارقىدىنلا ئوغلىدىن سورىدى:

— سەندىن سوراپ باقاي، شۇ تاپتا بىر جۈپ ئەر ـ خوتۇن ئىشىكىڭنى قېقىپ، سەندىن: «ئۆيىڭىزدە زىنا قىلساق بولامدۇ؟» دەپ سورىسا، نېمە دەيسەن؟

— نېمە دەيدىغانسەن ئانا، مەن يۇمشاقباشمىتىم ھەئە دەيدىغانغا؟

— ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ بىرى ئىشىكتىن كىرىپ قىلسۇن، بىرى تېلېۋىزورنىڭ ئەينىكىنىڭ ئارقىسىدا. نېمە پەرقى؟ زىنا دېگەن زىنا. يەنە تېخى خىجىل بولماي، بالا ـ چاقاڭ بىلەن ئولتۇرۇپ كۆرىۋاتىسەن. بېشىمىزغا تاش ياغمىسۇن يەنە!

ئارىف گەپ قىلالمىدى. ئايشەن ۋە مەريەم خانىم بولسا مومايغا نەپرەت بىلەن قاراپ تۇراتتى. بۇنى كۆرگەن يۇنۇس مومىسىغا تەسەللى بەرمەكچى بولۇپ، ئورنىدىن تۇردى ۋە مومىسىنىڭ مۈرىسىگە قولىنى ئارتىپ تۇرۇپ:

— بولدى قىل موما، يۈرە، مەن سېنى ھۇجراڭغا ئەكىرىپ قوياي، ـ دېدى. ئۇلار چىقىپ كېتىشىگە مەريەم پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىلىدى:

— دائىم مۇشۇنداق قىلىدۇ، دەردىنى مەنلا تارتامدىمەن؟ ھېلىمۇ ئاغزى ـ بۇرنۇمغىچە تويۇپ كەتتىم. يا خاتىرجەم بىر ئىش قىلالمىغان ئادەم. ئەمدى بەس، ماڭىمۇ جان كېرەك. يەنە بىر ئوغلىمۇ دەردىنى تارتىپ باقسۇن. سەن تېلېفون قىل، كېلىپ ئېلىپ كەتسۇن.

ئارىف يەنە تەڭقىسلىقتا قالغانىدى:

— ئۇلارنىڭ باقالمايدىغانلىقىنى سەنمۇ بىلىسەنغۇ؟  ئىنىم بولسا سوتچى، ئۇلار بىزدىنمۇ مەدەنىي ياشايدۇ. ئانام ئۇلارنىڭ ئۆيىگە تېخىمۇ كۆنەلمەيدۇ.

— ئەمىسە بولغۇلۇق ماڭىلا بولىدىكەندە؟! ئىشقىلىپ ئىنىڭ بىلەن سۆزلەشمىسەڭ بولمايدۇ. ئەگەر خالىمىساڭ ئۆزۈم دەيمەن ئۇ سوتچى جاناپلىرىغا.

مەريەم موماي ھۇجرىسىدا يىغلاپ ئولتۇراتتى، يۇنۇس بولسا تەسەللى بېرىشكە تىرىشىۋاتاتتى:

— ئۆتۈنۈپ قالاي موما، بولدى يىغلىما، بىر كىنوغىمۇ شۇنچىۋالا قىلىپ كېتەمسەن؟

— جېنىم بالام، مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنگەن بولساڭ، بۇنداق سوئالنى سورىمىغان بولاتتىڭ. سېنىڭ مۇشۇ: «نېمە بولاتتى، ھېچقىسى يوق» دېگەن سۆزلىرىڭلا يۈرىكىمنى پۇچىلايدۇ.

— نېمىشقا؟

— چۈنكى ساڭا ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن.

يۇنۇس مومسىنىڭ سۆزلىرىنى چۈشىنەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنى يەنە ئازاپلىماسلىق ئۈچۈن ئۈندىمىدى.

ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتتى. مەريەم قېينىئانىسىغا گەپ قىلماي يۈرەتتى، بۇ جەمىلە موماينى تېخىمۇ ئازاپلايتتى. بۈگۈن ئۆيگە مېھمان كەلمەكچى ئىدى. مەريەم ئەتىگەندە ئارىف ئەپەندىنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆيلەرنى تازىلاشقا تۇتۇندى، ئۇنىڭ بۈگۈن كەيپىياتى بۆلەكچىلا ناچار ئىدى، سەۋەبى ھەر قېتىم  مېھمان كەلگەندە، موماي يەنە بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە ئۇلارنىڭ گەپ ـ سۆزلىرىدىن قۇسۇر تېپىپلا تۇراتتى:

— ئوبدان بالىلىرىم، دىققەت قىلىڭلار، خەقنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس، ـ دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۇلارنىڭ كەيپىنى ئۇچۇراتتى.

جەمىلە موماي بۈگۈن نېمىلا بولمىسۇن، كېلىنى بىلەن پاراڭلىشىپ ئارىدىكى توڭلارنى ئېرىتىش نىيىتىگە كەلگەنىدى ۋە ئاخىرى غەيرىتىنى يىغىپ ئېغىز ئاچتى:

— قىزىم مەريەم، ئاللاھ سېنى مەريەم ئانىمىزنىڭ يېنىدا قىلغاي. بۇ ئاداۋىتىمىز قاچانغىچە داۋاملىشار؟

— مەن ئاداۋەت ساقلىمىدىم، لېكىن سىز بىلەن قىلىشقۇدەك بىر گېپىممۇ يوق.

— نېمىشقا قىزىم؟ مەنمۇ شۇ سىلەرگە ياخشى بولسۇن دەيمەن.

— تولا سۆزلىمە! مەن سېنى ئۆيۈمدە تۇرغۇزۇۋاتقان بولغاندىن كېيىن، تولا ھەممە ئىشىمغا چات كېرىۋالما. سەن ماڭا بەخشەندە ئەمەس!

موماي گەپ قىلغىنىغا مىڭ پۇشايمان قىلدى، كېلىنىنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ بېشىغا گويا بىر بولقا بولۇپ تەگكەنىدى.

مەريەم سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

— نېمىلا قىلساق گۇناھ بولدىغۇ بۇ ئۆيدە!

— قىزىم، مەن يامان گەپ قىپتىمەنمۇ؟ كارىۋات ئۈستىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى خىجىل بولماستىن، بالا ـ چاقا ئولتۇرۇپ كۆرىۋاتىسىلەر، بۇنى ئەلۋەتتە بالىلارمۇ ئۆرنەك ئالىدۇ.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان ئايشەن ئاخىرى چىدىماي ۋارقىرىدى:

— بولدى قىل ھەي قېرى! سەن ئاشۇ ئۆتۈپ كەتكەن گرانىت كاللاڭ بىلەن تولا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئارىلىشىمەن دېمە، ئاڭلىدىڭمۇ؟

جەمىلە موماي داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى. كاللىسىدىن «مەن راست بەك ئاشۇرىۋەتتىممۇ نېمە؟» دېگەن خىيال كەچتى. گەپ قىلماقچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللىدى ـ يۇ، لېكىن بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلىشىۋالغاندەك ئاۋازىنى چىقىرالمىدى. ئامالسىز ئۈن ـ تىنسىز ھۇجرىسىغا كىرىپ، دۇئاغا قوللىرىنى كۆتۈردى، غېرىبلەرنىڭ ساھىبى بولمىش ئۇلۇغ ئاللاھقا يالۋۇردى: «ئەي ئاللاھ ، مېنى بۇلارنىڭ ئالدىدا خار قىلما.»

مەريەمنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەنىدى. قانداق قىلىپ بۇ قېرىدىن بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇنراق قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەۋاتاتتى، ئاخىرى قېينىئىنىسىغا ئۆزى تېلېفون قىلىش قارارىغا كەلدى. ئۇ تېلېفۇننىڭ ئۇلىنىشىنى كۈتكەچ ئۆزىچە غۇدۇراپ قويدى: ماڭىلا قالدىغۇ بۇ قېرى، ھەجەپ تويدۇم.

قېينىئىنىسىنىڭ ئايالى تېلېفوندا مەريەمنىڭ مەقسىتىنى ئۇقققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇنداق قېرى گرانىت كاللا بىلەن بىر ئۆيدە تۇرالمايدىغانلىقىنى، ئەقلى بولسا مەريەم خانىمنىڭمۇ موماينى باقماي، بىر قېرىلار ساناتورىيىسىگە ئاپىرىۋېتىشىنى تەۋسىيە قىلدى. تۈركان خانىمنىڭ سۆزلىرى مەريەمنى تېخىمۇ تېرىكتۈردى.

مەريەم ئۇيان ئويلاپ، بۇيان  ئويلاپ ئاخىرى يولدىشى بىلەن ياخشىراق سۆزلىشىپ نەدىن بولمىسۇن بۇ ئىشنى ھەل قىلىش قارارىغا كەلدى. بولمىسا بۇ موماي ئۇلارغا خاتىرجەملىك بەرمەيتتى.

ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ، ئارىف ئەپەندى ئايالىنىڭ بېسىملىرىغا چىدىيالمىدى ـ دە، ئىنىسى بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن تېلېفوننى قولىغا ئالدى.

— ئوھوي، ئاكا! سەنمىدىڭ؟ ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى، قانداقراق تۇرىۋاتىسەن؟ ـ دېدى ئىنىسى تېلېفوندا.

ئارىف ئەپەندى ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا، ھال ـ ئەھۋال سوراپ بولغاندىن كېيىن، مەقسەتكە كۆچتى:

— ئاكىف، ساڭا بىزنىڭ بىر ئورتاق مەسىلىمىزنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېلېفون قىلىۋاتىمەن.

— قايسى ئورتاق مەسىلىنى دەيسەن؟

— نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مەن تارتىپ كېلىۋاتقان دەرتنى دەيمەن.

— ھە، ئاپامنى دەۋاتامسەن؟

— ھەئە.

— ئاپامغا نېمە بولدى؟ ئاغرىپ قالدىمۇ؟

— ئاغرىپقۇ قالمىدى، ئەمما مەنچە ئۇنىڭ مۇھىت ئالماشتۇرغۇسى كەلدى. شۇڭا سېنىڭ ئۆيۈڭدە بىر مەزگىل تۇرسا بولارمىكىن، بۇ جەرياندا بىزنىڭ بالىلارمۇ ئازادىلىككە چىقىپ قالاتتى.

ـ ھە، مۇنداق دە. پۇل لازىممۇ؟ قانچىلىك لازىم بولسا مەن ئەۋەتىپ بېرەي.

ـ ئۇكام، مېنىڭ پۇلغا ئېھتىياجىم يوق، مەن ساڭا ئاپامنى ئېلىپ كەتسەڭ دەۋاتىمەن، مېنىڭ بالىلىرىم بىلەن چىقىشالمايۋاتىدۇ.

— ئاكا، ئۇنىڭغا مېنىڭ ئامالىم يوق، بىز مەدەنىي ياشايدىغان بىر ئائىلە. ئاپام بىزنىڭ ئۆيگە تېخىمۇ كۆنەلمەيدۇ.

— مۇنداق دە، ئەمىسە سېنىڭ ئائىلەڭ ئېسىل، مېنىڭ ئائىلەم نېمە بولسا كۆتۈرۈۋېرىدىغان كالا قوتىنىكەن ـ دە؟

— ئاچچىقلانما ئاكا، ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيۈڭگە باراي، شۇ چاغدا ئوبدانراق مەسلىھەتلىشەيلى. پەقەت بولمىسا ئىككىلىمىزنىڭ ئۆيىگە يېقىن، ياخشىراق بىر ساناتورىيە تېپىپ، ئاپامنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرارمىز، قانداق دېدىم؟

— ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە دەمسەن؟!

— ھەئە، بۇنىڭدىن باشقا چارە بارمۇ؟

تېلېفوننى قويغاندىن كېيىن ئارىف ئەپەندى ئۈن ـ تىنسىز ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇ  تېخى ئىنىسىچىلىك مەدەنىيلىشىپ بولالمىغان بولغاچقا، ساناتورىيەگە ئاپىرىۋېتىش دېگەن بۇ پىكىر ئۇنىڭغا پەقەت ياقمىغانىدى. ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ بىرلىك مانا مۇشۇنداق ئاستا ـ ئاستا پارچىلىنىشقا يۈز تۇتۇۋاتاتتى. ئارىف ئەپەندىنىڭ بېشى راسا قاتتى، بىر ياقتا خوتۇنىنىڭ تاپا ـ تەنىلىرى، بىر ياقتا ئانىسى. ئۇنىڭ كاللىسىدا زىددىيەتلىك ئوي ـ خىياللار ھۆكۈم سۈرەتتى، نەپسى، ئىمان ۋە شەيتاننىڭ ئارىسىدىكى تالاش ـ تارتىشتا بېرىپ كېلەتتى. ئارىف ئەپەندى ئاخىرى بىر قارارغا كەلدى: «شۇنچە كەڭ جاھاندا ياشانغانلار ساناتورىيىسىدە تۇرۇۋاتقانلار ئازمىدى، ئانىسىنى ئاپىرىپ بەرسە نېمە بوپتۇ؟ ھەم ئۇ يەردە ھەمراھلىرى بار، زېرىكمەيدۇ. بىزمۇ ھەر ھەپتە بېرىپ يوقلاپ تۇرىمىز. لېكىن بۇنى ئانىسىغا قانداق دېيىش كېرەك؟ ھە راست، ئىنىسى ئاكىف ھەپتە ئاخىرىدا كېلىمەن دېدىغۇ، بۇ قارارنى شۇ دېسۇن.» ئارىف ئەپەندى يېنىك بىر تىندى.

ھەپتە ئاخىرى، موماينىڭ كەنجى ئوغلى سوتچى ئاكىف، ئايالى تۈركان خانىم ۋە قىزى ئۆزگە ئارىف ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. جەمىلە موماي كېلىنى ۋە قىزىنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرىنى كۆرۈپ، ئازاپتىن يۈرىكى پۇچۇلاندى. چۈنكى نەۋرىسى ئاسما مايكا ۋە تار ئىشتان كىيىۋالغان، كېلىنى بولسا قىسقا يوپكا كىيگەننى ئاز دەپ تىرناقلىرىنى بولۇشىغا ئۆستۈرۈۋالغانىدى. ئۆزگە مومىسىنى كۆرۈپلا، ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيدى ۋە:

— ياخشى تۇردۇڭمۇ، مومىشىم؟ — دەپ ئەھۋال سورىدى.

ئارىف ئەپەندى مومايغا ئېيتىشتا قىينالغان قارارنى ئىنىسىگە تاپشۇرغانىدى. ئىنىسى: «قىزىم بۇ ئىشنى بىردەمدىلا ھەل قىلىدۇ» دېۋىدى، ئۆزگەمۇ دەرھاللا: «چاتاق يوق، كەچلىك تاماقتىن كېيىن، مومام بىلەن ئۆزۈم سۆزلىشىمەن» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

جەمىلە موماينىڭ كۆڭلى بىر ئىشلارنى تۇيۇشقا باشلىدى، ئەمما زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ دەپ بېرەلمەيتتى. بولۇۋاتقان ئىشلارغا يالغۇز يۇنۇسلا قارشى چىقتى.

كەچلىك تاماقتا ھېچكىم بىر ـ بىرى بىلەن گەپ قىلىشمىدى، ھەممەيلەن خۇددى كېلىشىۋالغاندەكلا بېشىنى كۆتۈرمەي تاماق يېيىش بىلەن مەشغۇل ئىدى. بۇ جىمجىتلىققا چىدىمىغان موماي ئاخىرى ئېغىز ئاچتى:

— نېمە بولدى سىلەرگە؟ مەندىن بىر ئىشنى يوشۇرۇۋاتامسىلەر نېمە؟

— ئۇنداقمۇ ئەمەس، يول ھاردۇقى يېتىپ قالغان ئوخشايدۇ، ـ دەپ جاۋاپ بەردى ئاكىف.

— شۇنداق بولغاي ئىلاھىم، — دېدى موماي ۋە تامىقىنى يېيىشنى داۋاملاشتۇردى.

كەچلىك تاماقتىن كېيىن موماي ئادىتى بويىچە ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئۆزگە مومىسىنىڭ يېنىغا كىردى، مومىسى نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، تەسۋىي سېرىپ ئولتۇراتتى. ئۆزگە ئاستا مومىسىغا يېقىنلاشتى ۋە ئۇنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى بايقاپ چۆچۈپ كەتتى، ئەجەبا مومىسى ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ بولغانمىدۇ؟ بىردىنلا بۇ ئەركە ـ نايناق قىزنىڭ يۈرىكى مۇجۇلدى، قەلبىدە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان ئاجايىپ تۇيغۇلار جۇش ئۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ مومىسىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، چاندۇرماي سورىدى:

— ۋىيەي موما، يىغلاپسەنغۇ؟ نېمە بولدى؟

جەمىلە موماي كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ، مېھرىبانلىق بىلەن نەۋرىسىگە باقتى ۋە:

— دەپ بەرسەم گېپىمنى چۈشىنەرسەنمۇ بالام؟

— نېمىلەرنى دەيدىغانسەن موما؟ تۈركچە سۆزلەيدىغانسەن؟

— ئەمىسە مەن ساڭا سۆزلەپ بېرەي، — دېدى موماي كۈلۈمسىرەپ ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

— مېنىڭ يىغلىشىمنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئالالمىغانلىقىم، بالىلىرىمنىڭ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشى تۈپەيلىدىن ئىدى.

— جېنىم موما، بۇنىڭغىمۇ مۇشۇنچىۋالا ئازاپلىنامسەن؟ ئۇ كىم، شاش قېرىدىن بىرسىمۇ يا؟ بىزگە تونۇشتۇرۇپ قويمامسەن؟

— توۋۋا قىل قىزىم، مەن بىزنى ياراتقان ئۇلۇغ ئاللاھنى دەۋاتىمەن.

— سەنمۇ قىزىقكەنسەن موما، خۇددى بىز ئاللاھنى تونىمايدىغاندەك، دەپ يۈرگەن گەپلىرىڭنى...

  تونۇمسەن؟ ئاللاھنى راستىنلا تونۇمسەن؟ ئەمىسە ماڭا بىر چۈشەندۈرۈپ باققىنە قېنى.

— ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان....

— يەنىچۇ؟

— يەنە...

— باشقا يەنە نېمە بار؟ ئۇ بىزنى ياراتتى، بىزمۇ ئۇنى سۆيىمىز.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان موماي ئىختىيارسىز ئاھ ئۇردى.

— جېنىم قوزام، ئاللاھنى راست سۆيەمسەن؟ — دەپ سورىدى نەۋرىسىدىن.

— ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا شەك يوق، — دەپ جاۋاپ بەردى ئۆزگە.

— خوش، ئەمىسە قانداق سۆيىسەن؟

— ئۇ نېمە دېگىنىڭ؟

— ئاللاھ ئىنساندىن قانداق سۆيگۈنى تەلەپ قىلىدۇ؟

— بۇنى پەقەت ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.

— ئۇنداقتا، ئاللاھنىڭ بىزنى نېمىشقا ياراتقىنىنى، بىزدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدىغىنىنى ۋە بىزنىڭ ئۈستىمىزگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلەر ھەققىدە ئويلىنىپ باقتىڭمۇ؟

— بىزگە تېخى ۋەزىپىمۇ بەرگەنمۇ؟

ـ شۇنداق بولمايچۇ، بىزنى يوقتىن بارلىققا كەلتۈرۈشى، بىزگە مۇشۇنچىۋالا ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىشى ئەلۋەتتە سەۋەبسىز ئەمەس.

— قانداق ۋەزىپە ئۇ؟

— قۇللۇق ۋەزىپىسى. شۇنداق، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە تاپشۇرغان ۋەزىپىسى ئۇنىڭغا قۇللۇق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا بىز ۋەزىپىمىزنى تونۇشىمىز ۋە ئۇنى ئورۇنلاشتىن ھەرگىزمۇ باش تارتماسلىقىمىز كېرەك.

— ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇشقا ئوخشاشمۇ؟ ئەمما مەن، «ناماز ئىنساننىڭ قەرزى، بۇ دۇنيادا ئوقۇيالمىسا، ئۇ دۇنياغا بارغاندا تولۇقلىسا بولىدۇ» دەپ ئاڭلىغانىدىم...

— كىم شۇنداق دەيدۇ؟ ئۇ دۇنيادا ناماز ئوقۇلمايدۇ. ئىبادەت پەقەت بۇ دۇنياغىلا خاستۇر. «بۇ دۇنيادا قىلالمىساڭ، ئۇ دۇنيادا تولۇقلايسەن» دەيدىغان گەپ يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىبادەت پەقەت ناماز ئوقۇش ۋە روزا تۇتۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئاللاھقا قۇللۇق قىلىش ئىنسان ھاياتىنىڭ پۈتۈن قىسمىغا، يەنى بالا تەربىيىلەشتىن سودا ـ سېتىققىچە، قوشنىدارچىلىقتىن دۆلەت ئىشلىرىغىچە سىڭىپ كىرگەن بولىدۇ.

ئۆزگە مومىسىنىڭ سۆزىنى بۆلدى:

— ئەمىسە سەن ناماز ئوقۇيسەن، ئاللاھقا قۇللۇق قىلىسەن، ئۇنداقتا يەنە نېمىگە ئازاپلىنىسەن؟

جەمىلە موماي نەررىسىنىڭ بېشىنى سىلىغاچ جاۋاب بەردى:

— جېنىم قىزىم ، مەن سېنىڭ ئۈچۈن، ئاتا ـ ئاناڭ ئۈچۈن ئازاپلىنىۋاتىمەن.

ئۆزگەنىڭ ئەمدىلىكتە ئىشى تەسلىشىشكە باشلىغانىدى. ئۇ بىردىنلا مومىسىغا ئىچ ئاغرىتىپ قالدى.

— موما، مېنىڭ ئۈچۈن ئازاپلىنىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق، خۇداغا شۈكرى، ھېچنەرسەم كەم ئەمەس. ئۇنۋېرستىتقىمۇ ئۆتتۈم، دادام ئاغزىمدىن چىققىنىنى قىلىپ بېرىدۇ.

— ۋاي بالام! كاشكى ھەممە نەرسە سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭ بىلەنلا تۈگىگەن بولسا. بۇنىڭ بىلەنلا ئەبەدىي خۇشاللىققا ئېرىشەلەمسەن؟ دۇنيا ھاياتىنىڭ قانچە كۈنلۈك ئىكەنلىكىنى كىم بىلىدۇ؟ بۇ ئۆتكۈنچى بەخت ھەقىقىي بەخت بولالامدۇ؟ بۇنىڭ كىچىك بالىنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇقتىن نېمە پەرقى بار؟

— ۋاي ـ ۋۇي موما! بىزگىمۇ ئىچىڭ ئاغرىسۇن. تۆت كۈنلۈك ئالەمگە نېمانچىلا قىلىپ كېتىمىز؟

— بۇ ئالەم تۆت كۈنلۈك بولغاچقىلا ھاياتىمىزنى تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك. شۇنداق ئەمەسمۇ؟

ئۆزگە ئويلىنىپ قالدى: «مەنىلىك ياشاش دېگەن نېمىدۇر؟ مومام غەلىتىلا گەپلەرنى قىلىدىغۇ؟!» ئۇ بۇ كەمگىچە مومىسى بىلەن بۇنچىلىك ئۇزۇن پاراڭلىشىپ باقمىغانىدى. ئۇ بىردىنلا بۇ يەرگە كىرىشتىكى مەقسىتىنى ئېسىگە ئالدى ـ دە، بۇ ئىشنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، مومىسىغا:

— ئاللاھ ئوقۇغان نامىزىڭنى قوبۇل قىلسۇن، مەن چىقاي موما، مېنىڭ بەختىمگە دۇئا قىلىپ قويغىن، بولامدۇ؟! ـ دېدى.

— ئەلۋەتتە بالام، ھەردائىم قىلىۋاتىمەن.

ئۇ مومىسىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقىشىغا ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭغا ئۈمىد بىلەن باقتى. ئۆزگە:

— مەن قىلالمىغۇدەكمەن. توغرىسىنى ئېيتقاندا، بۇ ئىشنى مومامغا ئېيتىشتىن ۋاز كەچتىم. ئەڭ ياخشىسى ئۆز ئىشىڭلارنى ئۆزەڭلار بىر تەرەپ قىلىڭلار، ـ دېدى ۋە بىر چەتكە ئۆتۈپ ئولتۇردى.

مەريەمنىڭ كەيپى ئۇچتى. ئارىف ئەپەندى:

— مېنىڭ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا تۇرىدۇ. ئەڭ ياخشىسى باشقا بىر ئامال تاپساقمىكىن، ـ دېدى. ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، مەريەم:

— مەن تويدۇم. يا تەڭ باقىمىز ياكى بولمىسا مەن بۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىمەن، ـ دېدى.

ئايشەن بولسا، سوتچى تاغىسىنىڭ ئىلغار پىكىرلىرىگە ئىشەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى:

— تاغا! مومام ئۇ قالاق ئىدىيىسىدىن پەقەت ۋاز كەچمەيۋاتىدۇ.

تۈركان خانىم ئۇنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمەي:

— قانداق دەيسەن؟ ـ دەپ سورىدى.

— بۇ ئۆيدە مومام بىزنى تېلېۋىزور كۆرگىلى، گىرىم قىلىپ ياسانغىلى قويمايدۇ. ھەتتا بۇرۇلكا كىيىشىمىزگىمۇ قارشى تۇرىدۇ.

— قېرى جاھىلنىڭ ئۆزى دېگىنە! ھېلىمۇ ياخشى ئۆيىمىز يېقىن بولۇپ قالماپتۇ، ـ دېدى تۈركان خانىم ۋە ئېرىگە قاراپ:

— قەدىرلىكىم! شۇنچە كۆپ دىنچىنىڭ دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتىسەن. قارا، ئاناڭمۇ سېپى ئۆزىدىن دىنچى ئىكەن. ياشانغانلار ساناتورىيىسى ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە تەسىر قىلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، ـ دېدى. ئارقىدىنلا ئولتۇرغانلارغا:

— بۇ ئىشنى زادى ھەل قىلمىساق بولماپتۇ، ـ دېدى.

باياتىن بېرى خىيالچان ئولتۇرغان يۇنۇس ئېغىز ئاچتى:

— دېمەك، ئانىلارنى كوچىغا تاشلىۋېتىش، ئۇنى كۆرەر كۆزى قالماسلىق، بىللە ياشاشنى خالىماسلىق مەدەنىيلىكنىڭ ئىپادىسى ئىكەندە؟ توۋۋا!...

ئايشەن ئۇنىڭ گېپىگە قارشى چىقتى:

— بۇ گەپ سېنىڭ ئاغزىڭدىن چىقىۋاتامدۇ؟

ئارىف ئۇلارنى جىمىلىدى:

— بولدى، تالاشماڭلار!

سوتچى ئەپەندى گەپكە ئارىلاشتى:

— ئەمىسە، بىر مەزگىل ساناتورىيەگە ئاپىرىپ سىناپ باقايلى. ئەگەر كۆنەلمىسە، شۇ چاغدا بىر گەپ بولار. ئەڭ ياخشىسى ئۇنى چاقىرىپ، قارارىمىزنى بىرلىكتە ئېيتايلى!

ئارىدىن يېرىم سائەتچە ۋاقىت ئۆتتى. ئۆزگە مومىسىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ:

— موما! سېنى چاي ئىچسۇن دەيدۇ، ـ دېدى.

— شۇنداقمۇ؟ ئىچمىسەممۇ بولاتتى ئەمەسمۇ؟

— ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ، بىزمۇ ئەتىلا كېتىمىز.

— ھە، مەيلى ئەمىسە.

ئۆزگە بىردەم ئويلىنىپ قېلىپ، مومىسىدىن پەس ئاۋازدا سورىدى:

— موما، نېمىشقا يەڭگەم بىلەن چىقىشالمايسىلەر؟

— كىم شۇنداق دەيدۇ؟

— ھېچكىمغۇ ئۇنداق دېمىدى، ئەمما مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇرمامدۇ؟

جەمىلە مومايمۇ پەس ئاۋازدا جاۋاب بەردى:

— بالام، قېرىغاندا خەقكە يۈك بولۇپ قالىدىغان گەپكەن. زامان ئۆزگىرىۋاتىدۇ، زامانغا ئەگىشىپ ئىمان ـ ئېتىقادىمىزمۇ ئاينىپ كېتىپ بارىدۇ. مەن بەزى ئىشلارغا چىداپ تۇرالماي، ئارتۇق گەپ قىلىپ قويىدىكەنمەن. شۇنىڭ بىلەنلا سۈركىلىش باشلىنىدۇ. ئەمدى چۈشەنگەنسەن؟

— موما، غەلىتىلا گەپلەرنى قىلىدىكەنسەن، تەرەققىيات دېمەك، ئىمانسىزلىقتىن ئىبارەتمۇ؟ بىز زامانغا ماسلاشماي قانداق قىلىمىز؟

— بالام، تەرەققىيات دېگەن، ئىسلامغا، قۇرئانغا، ئىمانغا زىت بولمىسىلا، ھېچكىممۇ تەرەققىياتنى ئىمانسىزلىق بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويالمايدۇ. ئەمما تەرەققىيات ئەقىدىلىرىمىزنى دەپسەندە قىلسا، تەرەققىيات بىزنى ئاللاھتىن بارغانسېرى يىراقلاشتۇرۇۋەتسە، ئاللاھنىڭ ئەمر ـ ھۆكۈملىرىنى ئۇنتۇشقا مەجبۇرلىسا، ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ؟

— چۈشەندىم، ئەمما بىز تېخى ياش. ئاللاھ كەچۈرۈۋېتىدۇ، شۇنداققۇ؟

— جېنىم قىزىم، قارىغاندا، سەن بۇ تېمىلارغا قىزىقىدىغاندەك تۇرىسەن. ئايشەن بولسا، مېنىڭ گەپلىرىمنى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويمايدۇ.

— مەن بۇرۇن بۇ ھەقتە ھېچ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.

— سوئالىڭغا جاۋاب بېرىۋېتەي، داداڭلار ساقلاپ كەتتى. سەن ئاللاھنىڭ كەچۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى نەدىن بىلىسەن؟ ئاللاھ خالىسا كەچۈرىدۇ، ئەمما كەچۈرۈشنىڭمۇ شەرتلىرى بولىدۇ. ئاللاھنىڭ كەچۈرۈشى ئۈچۈن، بەندە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

— قانداق تىرىشچانلىق؟

— ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي (يەنى ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن) تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر؛ ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ، بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسىنى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسىنى (يەنى ئۆلۈم ئالدىدا ئىمان ئېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى) قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق»[1].

موماينىڭ سۆزلىرى قىزغا ھەقىقەتەن تەسىر قىلغانىدى. بۇنى سەزگەن موماي سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

— بىز تېخى ياش دەيسەن. ساڭا ياشلىقنى ئاتا قىلغان كىم؟ نېمىشقا ئاتا قىلدى؟ ساڭا بۇنى ئۆزەڭ بىلگەنچە ياشا دەپ بەردىمۇ؟ ياشلارنىڭ ئاللاھقا ئېھتىياجى يوقمۇ؟ ھەيھات!... ياش ۋاقتىدا قىلىنغان ئىبادەت ئاخىرەتتە قۇياشتەك چاقنايدۇ. قېرىغىچە ياشىشىڭغا كاپالىتىڭ بارمۇ؟ بولسىمۇ، ئۇ چاغدا، ئاللاھقا قۇللۇق قىلىشقا ماغدۇرۇڭ يەتمەسلىكى مۇمكىن. بىر رىۋايەتتە پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن...

— پەيغەمبىرىمىز؟

— شۇنداق، ئۇ، ئاللاھنىڭ بىزگە ئەۋەتكەن ئەلچىسى بولۇپ، ئۇ: «بەش تۈرلۈك ئىش بېشىڭلارغا كېلىشتىن بۇرۇن، بەش تۈرلۈك نەرسىنىڭ قەدرىگە يېتىڭلار دېگەنىدى.

— قايسى بەش نەرسە ئۇ؟

— كېسەل بولۇشتىن بۇرۇن سالامەتلىكنىڭ؛ قېرىلىق يېتىشتىن بۇرۇن ياشلىقنىڭ؛ يوقسۇللۇقتىن بۇرۇن بايلىقنىڭ؛ ئالدىراشچىلىقتىن بۇرۇن بىكار ۋاقىتنىڭ؛ ئۆلۈمدىن بۇرۇن ھاياتنىڭ قەدرىنى بىلمەكتۇر.

— ئاجايىپ ھېكمەتلىك سۆز ئىكەن. ھاياتنىڭ پۈتۈن ھېكمەتلىرى بۇ سۆزلەرگە يىغىنچاقلىنىپتۇ. موما ئەمدى چىقايلىمۇ؟ دادام دىنچى دېسە، قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرىدۇ. بۇ گەپلىرىڭنى ئاڭلاپ مەنمۇ دىنچى بولۇپ كەتسەم، دادام مېنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، خۇدايىم ساقلىسۇن!

ئۇلار مېھمانخانىغا چىقىشتى. تېلېۋىزورنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن جەمىلە موماي تولىمۇ ئەجەبلەندى. ئۇلار بىردەم ئۇ يەر ـ بۇ يەردىن پاراڭ سېلىشقاندىن كېيىن، كېلىنى تۈركان خانىم تېمىنى ئەسلى مەقسەتكە يۆتكىدى، يۆتكىمەيمۇ بولمايتتى. ئۇنداق قىلمىغاندا، قېينانىسىنى ئېلىپ كېتىپ بېقىشقا مەجبۇر بولاتتى. مەريەم خانىم بولسا، بۇ قېتىم موماينى كەتكۈزۈۋېتىشتە قەتئىي قارارغا كەلگەندەك كۆرۈنەتتى.

— ئانا، بۇ ئۆيدە پاراڭلاشقۇدەك ئادىمىڭمۇ يوق، زېرىكىپ قالغانسەن؟

جەمىلە موماي گاڭگىرىغان ھالدا:

— گېپىڭنى چۈشىنەلمىدىم قىزىم، ـ دېدى.

— دوستلىرىڭمۇ يوق دېمەكچىمەن. شۇڭا بىز سېنى دوست تاپقۇدەك بىرەر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز.

— قانداق يەر ئۇ؟

— مېنىڭ بىر دوستۇم ئاپىسىنى ئاپىرىپ قويۇپتىكەن، ئاپىسى ئۇ يەرنى شۇنداق ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ.

موماينىڭ تۇيغۇن كۆڭلى بىر ئىشنى سەزدى ۋە پۈتۈن بەدىنىنى مۇزدەك تەر باسقاندەك بولدى. بىردىنلا خىيال قۇشلىرى ئۇنى ئۆتمۈشكە ئېلىپ كەتتى، ئىككى ئوغلىنى بېقىپ چوڭ قىلغۇچە تارتقان جاپالىرى، كۆرگەن خورلۇقلىرى كۆز ئالدىدىن بىرمۇ ـ بىر ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇ چاغلاردا جەمىلە بىنالارنىڭ پەلەمپەيلىرىنى تازىلاپ تاپقان ئازغىنە پۇلى بىلەن تۇرمۇشىنى ئاران قامدايتتى. ئۇ تازىلايدىغان بىنادا ئولتۇرىدىغان بىر قېرى موماي بىر كۈنى ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەنىدى:

— ھەي... جەمىلە، بىر ئانا ئون بالىنى باقىدۇ، بىراق ئون بالا بىر ئانىنى باقالمايدۇ. سەن قېرىپ كۈچۈڭدىن قالغاندا، ئۇ بالىلىرىڭ ساڭا قارارمۇ؟

جەمىلە موماي شۇ گەپنى ئەسلەپ قالدى. بىردىنلا بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ، كۆزلىرى ياشقا تولدى. ئۆي سۈكۈتكە چۆمگەنىدى. ئۇ ئولتۇرغانلارغا بىرمۇ بىر قاراپ چىقتى. يۇنۇسنىڭ كۆزلىرى نەملەنگەنىدى. موماي پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ:

— مەن نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭلارنى چۈشەندىم. مەن شۇ تاپتا سىلەردىن ئەمەس، سىلەرگە بۇ ئاڭنى سىڭدۈرۈۋەتكەنلەردىن نەپرەتلىنىۋاتىمەن. سىلەر دۈشمەننى كۈلدۈرۈپ، دوستنى يىغلىتىۋاتىسىلەر. ئەمما نېمە قىلىۋاتقىنىڭلارنى ئۆزەڭلارمۇ بىلمەيسىلەر ھەم بىلىشنىمۇ خالىمايسىلەر.

جەمىلە موماي ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرەپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. سوتچى ئاكىفتىن باشقىلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھېچنېمىنى ئاڭقىرالمىغانىدى. بىرىنچى بولۇپ، ئۆزگە سورىدى:

— مومامنىڭ گېپىنى قايسىڭلار چۈشەندىڭلار؟

دادىسى جاۋاب بەردى:

— موماڭنىڭ بۇ گەپلىرىگە نۇرغۇن مەنىلەر يوشۇرۇنغان.

نىھايەت، مەريەم خانىم مۇرادىغا يەتكەن بولدى. ئايشەنمۇ ئۆزىنىڭ ئەركىن ـ ئازادە ياشىشىغا توسالغۇ بولغان مومىسىدىن قۇتۇلغىنىغا خۇش ئىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، موماينى ساناتورىيەگە ئاپىرىپ قويۇشتى. ئۇنىڭغا ئۆيدىن ئايرىلىش تولىمۇ ئېغىر كەلگەن بولسىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ساناتورىيەدە ياشاشقا مەھكۇم ئىدى.

. . . . .

ئۆزگە ئۆيدە چامادانلىرىنى يىغىشتۇرغاچ ئاپىسىدىن:

— ئاپا، تەنتەربىيە ئىشتانلىرىم نەدە؟ ـ دەپ سورىدى.

— ئىشكاپقا قويۇپ قويدۇم. قىزىم، ھەممە نەرسەڭنى تولۇق يىغىشتۇر. قىشلىق كىيىملىرىڭنى قويماي ئېلىۋالغىن. سەن ئوقۇيدىغان يەردە قىش بەك قاتتىق بولىدۇ دەپ ئاڭلىدىم.

— ماقۇل ئاپا.

— مەكتىپىڭنىڭ ئەرزۇرۇمدىن چىققىنىنى قارىمامدىغان. سېنى سېغىنىپ كېتىدىغان بولدۇم ـ دە. ھەي، ئامال قانچە؟

شۇ ئەسنادا، تېلېفون جىرىڭلىدى. تۈركان خانىم تېلېفوننى ئېلىپ قىزىنى چاقىردى:

— قىزىم، سەلچۇق تېلېفون قىلىپتۇ.

ئۆزگەنىڭ ئىچى سىقىلدى. خۇشياقمىغاندەك بېرىپ، تېلېفوننى ئالدى ۋە سۆزلىشەر ـ سۆزلەشمەيلا قويۇۋېتىپ، ئۆزىچە كوتۇلدىدى:

— ئەجەب قۇتۇلالمىدىم بۇنىڭدىن.

— نېمىشقا ئۇنداق دەيسەن قىزىم؟

— بۇدۇشقاقتەكلا بىر نېمە. شۇنچە ئارىلىشىپمۇ، ئۇنىڭغا ھېچ كۆڭلۈم چۈشمىدى. ئۆزىگىمۇ دېدىم بولمىسا. يەنە شۇنداق يېپىشقىنى يېپىشقان.

— بوپتۇ، بەك جىق ئويلاپ كەتمە. بەرىبىر كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، ئۇ يەردىن باشقا بىرىنى تاپارسەن.

ئۆزگە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئەرزۇرۇمغا ئوقۇشقا ماڭغانىدى. نەرسە ـ كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرغاچ، كاللىسىدا: «ئەجىبا ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسىغا، مۇھىتىغا كۆنەلەرمەنمۇ؟ ھەممە نەرسە مەن ئۈچۈن شۇنداق يات» دېگەن خىيال كېزەتتى. ئۇنىڭ مېڭىشتىن بۇرۇن قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشى ساناتورىيەگە بېرىپ، مومىسىنى يوقلاش ئىدى. ئۇ ئەتىسى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، مومىسىنىڭ قېشىغا باردى. مومىسى روھسىز كۆرۈنەتتى. كۈنبويى ئۆزىگە ئايرىپ بېرىلگەن كىچىك ھۇجرىسىدىن چىقمايتتى. ئۇ يەردىكى بەزى ياشانغانلارنىڭ جېدەل ـ ماجىرالىرى بالىلىرىنىڭ غەۋغالىرىدىنمۇ بەتتەر قۇلاق ـ مېڭىسىنى يەيتتى. پائالىيەت ئۆيىدە ئەرلەر ئولتۇرۇۋالغاچقا، موماي ئۇ يەرگىمۇ چىقالمايتتى.

ئۆزگە بىر ھازاغىچە لام ـ جىم دېمەي تۇرۇپ قالدى ھەم دېگۈدەك گەپمۇ تاپالمايۋاتاتتى. مومىسىنىڭ چىرايىغا سەپسالغان كىشى ئۇنىڭ روھى ھالىتىنىڭ قانداقلىقىنى دەرھال ئۇقۇۋالاتتى. موماي بۇ مەزگىل ئىچىدە تېخىمۇ قېرىپ كەتكەنىدى.

ئۆزگە چىۋىن يەۋالغاندەك غەشلىك ئىچىدە ساناتورىيەدىن ئايرىلدى. مومىسى بولسا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئىنسابىغا دۇئا قىلىپ قالدى.

*  *  *  *  *

ئايشەن قولىدىكى ئىمتىھان نەتىجىسى يېزىلغان قەغەزنى پۇلاڭلاتقىنىچە، ئۆيگە ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كىردى ۋە:

— ئاپا، ئاپا، سەن قەيەردە؟ مەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپتىمەن! ئاھ خۇدا، راستىنلا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ! ـ دەپ ۋارقىرىدى.

ئالدىراش چىقىپ كەلگەن مەريەم خانىم:

— ئۆزۈڭنى بېسىۋال قىزىم، قايسى ئىمتىھاندىن ئۆتۈپسەن؟ ـ دەپ سورىدى.

ئايشەن خوشاللىقىدىن ۋارقىرايتتى، سەكرەيتتى. ئاپىسىغا ھاياجان بىلەن جاۋاپ بەردى:

— پوچتىخانا ئىمتىھانىدىن ئۆتتۈم!

مەريەم خانىم سۆيۈنگەن ھالدا قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈردى:

— ساڭا مىڭ مەرتىۋە شۈكۈر ئاللاھىم! قىزىم ئاخىرى مۇرادىغا يەتتى. ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلدىڭ ئاللاھىم!

ئاكىف ئەپەندىمۇ بۇ خەۋەردىن بېشى كۆككە يەتكەندەك بولدى. ئايشەن ئەمدى تەقسىماتقىلا قاراپ قالغانىدى، تېخى تۇنجى مائاشىنى ئېلىپ قۇربانلىق قىلماقچىمۇ بولدى. ئۇ بۇ خۇش خەۋەرنى سۆيگىنى ۋۇرالغا يەتكۈزۈشكە ئالدىرىدى.

بۇ ئەسنادا ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى، يۇنۇس قايتىپ كەلگەنىدى. مومىسى ساناتورىيىگە ئاپىرىۋېتىلگەندىن بېرى ئۇنىڭ قاپىقى ئېچىلمايۋاتاتتى. ئۆيدە ھېچكىمگە گەپ قىلمايتتى. ئايشەن ئاكىسىدىن:

— تېپىپ باقە، بۈگۈن نېمە ئىش بولدى؟ ـ دەپ سورىدى.

— بۇنچىۋالا خۇش بولۇپ كەتكىنىڭگە قارىغاندا، جەننەتتىن خۇشخەۋەر كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟

— مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتتۈم!

— ھە، شۇنداقمۇ؟ سېنى كۆرگەن كىشى جەننەتتىن خەۋەر ئالغان ئوخشايدۇ دەپ قالغۇدەك.

— مېنى قىزغىنىۋاتىسەن ـ ھە؟

— نېمىشقا قىزغانغۇدەكمەن؟

— چۈنكى سەن ئۆتەلمىدىڭ.

— كىمنىڭ مەمۇر بولغۇسى كەپتۇ؟ مەن ئۇنىۋېرسىتېت ئىمتىھانىغا قايتا كىرمەكچى ھەم ... بولدىلا، دېمەيلا قوياي.

— نېمە دېمەكچىدىڭ؟

— مەن سېنىڭ ئورنىڭدا بولغان بولسام، يىغلىغان بولاتتىم.

— نېمىشقا؟

— نېمىشقا بولاتتى؟ چۈنكى مومامنى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىشكە سەن سەۋەبچى بولدۇڭ، ـ دېدى ۋە ئۇنىڭ جاۋاب بېرىشىنى كۈتمەيلا ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ كارىۋىتىغا ئۆزىنى تاشلاپ، كۆزلىرىنى تورۇسقا تىككىنىچە خىيالغا كەتتى.

ئوغلىنىڭ سۆزلىرىدىن بىر قىسما بولۇپ قالغان مەريەم خانىم يۇنۇسنىڭ كەينىدىن كىرىپ، كارىۋاتنىڭ قىرىغا ئاستاغىنە ئولتۇردى. ئوغلىغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن:

— بالام، نېمە بولدۇڭ؟ نېمە دەردىڭ بار؟ ـ دەپ سورىدى.

يۇنۇس ئۈنچىقمىدى. ئاپىسى يەنە سورىدى:

— زادى نېمە ئىش بولدى؟ ئەگەر نۇرتەننىڭ ئىشى توغرۇلۇق ئويلىشىۋاتقان بولساڭ، مەن داداڭ بىلەن مەسلىھەتلەشتىم، پات يېقىندا ئەلچى ئەۋەتەيلى. ئەگەر ئىش تېپىپ قالساڭ، بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، ئۆيۈڭنى بېقىپ كېتەلەيسەن.

يۇنۇس ئاپىسىغا قاراپ قويۇپ، كۆزلىرىنى يەنە تورۇسقا تىكتى ۋە:

— بىلمەيمەن، بىلەلمەيۋاتىمەن، ـ دېدى.

— نېمىنى بىلەلمەيۋاتىسەن؟

— كۆڭلۈم بەكمۇ پاراكەندە. مومامنى ئويلاۋاتىمەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆلۈپ كېتىپ قالسىمۇ، بىز يېنىدا بولالمايمىز. كاللامدىن پەقەتلا ئۆتمەيۋاتىدۇ. دادام سودىگەر، تاغام سوتچى تۇرۇپ، ئانىسىنى ساناتورىيەگە، ئىگە ـ چاقىسىزلارنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويدى.

يۇنۇسنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولغانىدى. ئاپىسى:

— ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان يالغۇز سېنىڭلا موماڭمىدى؟ شۇنچە جىق ئادەم بارغۇ؟

— شۇنداق، ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بالىلىرى بىزگە ئوخشاش ۋاپاسىز، ۋىجدانسىز. بىچارە مومام ئىككى بالىسىنى خەقنىڭ ئۆيلىرىنى تازىلاپ يۈرۈپ چوڭ قىپتىكەن. ئەمدىلىكتە بۇ ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئاپا، ئۇ سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى تەۋسىيە قىلىشتىن باشقا نېمە گۇناھ قىلدى، دەپ باققىنە؟!

مەريەم خانىم تاقەتسىزلىنىپ، گەپنى باشقا ياققا يۆتكىدى:

— ماڭا قارا بالام، سەن نۇرتەنگە خەۋەر بەرگىن. بۇ ھەپتە ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە بارايلى. سەنچە قانداق؟ بەلكى كەيپىياتىڭ ياخشىلىنىپ قالار.

— ھە مەيلى ئاپا. ئۆزىمۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سۈيلەۋاتاتتى. ئۇنىڭغا باشقا يەرلەردىنمۇ ئەلچى كەلگەن ئوخشايدۇ.

— ھە، ئەسلىدە ئېچىلالماي يۈرگىنىڭنىڭ سەۋەبى مۇشۇكەندە؟

— شۇنى ئۇنتۇپ قالمىغىن ئاپا، سەنمۇ قېينىئانا بولىسەن.

— ئەمىسە مەن چىقاي، قىزغا خەۋەر بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمىغىن.

ئاپىسى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، يۇنۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، نۇرتەننىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئىزدەش ئۈچۈن تارتمىنى ئاختۇرۇۋىدى، قولىغا بىر پارچە قەغەز چىقتى. ئۈستىدە «ئۆمەر فارۇق» ئىسىملىك بىرسىنىڭ تېلېفون نومۇرى تۇراتتى. يۇنۇس ئۇنىڭ كىملىكىنى دەماللىققا ئېسىگە ئالالمىدى. ئۇ بىردەم ئويلىنىپ، ئاخىرى بۇ نومۇرنىڭ ھېلىقى كۈنى بېكەتتە تونۇشقان يىگىتنىڭ نومۇرى ئىكەنلىكى يادىغا كەلدى. يۇنۇس ئالدى بىلەن نۇرتەنگە تېلېفون قىلىپ، يەكشەنبە كۈنى ئەلچىلىككە بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى، ئارقىدىنلا ئۆمەر فارۇق بىلەنمۇ كۆرۈشۈش ئۈچۈن كېلىشىپ قويدى.

ئۇ ھۇجرىسىدىن چىقىپ، ئاپىسىغا: «ئاپا، نۇرتەنگە دەپ قويدۇم، يەكشەنبە كۈنى بىزنى ساقلايدىغان بولدى. مەن ھازىر سىرتقا چىقىمەن، بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشمەكچىدىم» دېدى ـ دە، ئۆيدىن چىقتى.

يۇنۇس يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئۆمەر فارۇق ئىشلەيدىغان «يۇلتۇز بولكىخانىسى» غا يېتىپ كەلدى. پۇل ئېلىش ئورنىدا ئولتۇرغان كىشىدىن ئۆمەرنى سورىۋېدى، ئۇكىشى ئۇنىڭ بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى، سەل تۇرۇپ قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن يۇنۇس بىر چەتتە ئولتۇرۇپ ساقلاشقا باشلىدى. ئارىدىن ئون مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆمەر فارۇق قايتىپ كەلدى، يۇنۇسنى كۆرۈپ، خۇشچىراي بىلەن:

— خۇش كەپسەن! ـ دېدى.

— رەھمەت، قانداق ئەھۋالىڭ؟ ـ دېدى يۇنۇس.

— ياخشى، مەن تېخى سېنى ئەمدى كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن.

— تېلېفون نومۇرۇڭنى تارتمىغا سېلىپ قويۇپ شۇ پېتى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. بۈگۈن توساتتىن تېپىۋېلىپ، شۇ ھامانلا تېلېفون قىلغانىدىم.

— ئەمىسە بىزگە بۈگۈن كۆرۈشۈش نېسىپ بولغان ئوخشايدۇ. بىردەم ساقلاپ تۇرغىن، مەن خوجايىندىن رۇخسەت ئالاي، ئىككىمىز چىقىپ چاي ئىچكەچ پاراڭلىشايلى.

ئۇلار  بولكىخانىنىڭ يېنىغىلا جايلاشقان بىر چايخانىغا كىرىپ ئولتۇردى. ئالدى بىلەن ئۆمەر فارۇق ئېغىز ئاچتى:

— ئىسمىمنى بىلىسەنغۇ دەيمەن، ئۆمەر فارۇق. بۇ يىل 20 ياشقا كىردىم، كەچلىك كۇرستا ئوقۇۋاتىمەن. ھەدەم بىلەن بىللە تۇرىمەن.

  مېنىڭ ئىسمىم يۇنۇس. بۇ يىل 19 ياشقا كىردىم، دادام «چاقماق ئوغۇللىرى سودا مەركىزى» نىڭ خوجايىنى. بۇ يىل ئۇنىۋېرستېت ئىمتىھانىغا كىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغاچ، بىر تەرەپتىن ئىش ئىزدەۋاتىمەن.

— ئۆزەڭ ياخشى تۇرغانسەن؟ سېنىڭ كېلىشىڭنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.

— ياخشى. سەنمۇ ياخشى تۇرۇۋاتقاندەك قىلىسەن. ھە راست، سۆيگىنىڭ بىلەن قانداقراق ئۆتۈۋاتىسەن؟

ئۆمەر فارۇق بۇ كۈتۈلمىگەن سوئالغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدى. يۇنۇس سۆزىنى داۋام قىلدى:

— قايسى كۈنى بېكەتتە سۆيگىنىڭ بارلىقىنى دېگەن ئىدىڭغۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتامسەن؟

ئۆمەر فارۇق بىردىنلا يۇنۇسنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەندى ۋە:

— ھە، ئەمدى ئېسىمگە كەلدى. مەن سۆيگىنىم بىلەن ياخشى ئۆتۈۋاتىمەن دەپ قارايمەن، ئەمما ئۇنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقى ماڭا قاراڭغۇ.

— دېمەك، سېنىڭكىسى يوشۇرۇن سۆيگۈ ئىكەندە.

— بىلمەيمەن. سەن سۆيگىنىڭ بىلەن قانداقراق ئۆتۈۋاتىسەن؟

— بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە بارىدىغان بولۇۋاتىدۇ.

— شۇنداقمۇ؟ ئاللاھ ئاقىۋىتىنى خەيرلىك قىلسۇن!

— ئامىن. سەنمۇ مۇرادىڭغا يەتكەيسەن!

— ئامىن.

— بىز بۇندىن كېيىن داۋاملىق كۆرۈشۈپ تۇرايلى، بولامدۇ؟

— ئەلۋەتتە بولىدۇ، خۇشاللىق بىلەن.

ئۇ ئىككىسى يەنە بىرئاز پاراڭلاشقاندىن كېيىن قايتماقچى بولۇپ قوزغالدى. شۇ ئەسنادا ئۆمەرنىڭ يېزنىسى كېلىپ قالدى ۋە ئۆمەرگە:

— بۈگۈن كەچلىك تاماقنى ھەدەڭ بىلەن سىرتتا يەيمىز، ساڭا ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى قويۇپ قويغىلى كەلدىم، — دېدى ۋە ئاچقۇچنى قويۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى.

ئۆمەر يېزنىسىنىڭ ئاچقۇچ قويۇپ قويغىلى كەلدىم دېگىنىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر باھانە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. يېقىندىن بېرى يېزنىسى ئۇنى ـ بۇنى باھانە قىلغان بولۇپ، ئۆمەرنىڭ ئىشلەۋاتقان يېرىگە كېلىپ ئۇنى كۈزىتىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۆمەر بۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيتتى، لېكىن ئۇ ئىشلەپ تاپقان پۇلنى ھەدىسى ۋە يېزنىسىنىڭ گۇناھ ئىشلارغا سەرپ قىلىشى ئۇنى تولىمۇ ئازابلايتتى. يېزنىسى كەتكەندىن كېيىن، ئۆمەر يۇنۇسقا قاراپ:

— بۈگۈن كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە بارايلى، ئۆيدە ھېچكىم يوق، پاراڭلىشىپ ئولتۇرىمىز، ـ دېدى.

ئۆيدىن زېرىكىپ تۇرغان يۇنۇس ھېچ ئويلانمايلا ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئۆمەر ئىشتىن چۈشكەندە قايتا كۆرۈشمەكچى بولۇپ ئايرىلىشتى.

يۇنۇس بىلەن ئىككىسى ئۆمەرنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۆمەر چاي دەملەش ئۈچۈن ئوچاققا ئوت ياقتى. چاي قاينىغىچە مېھمانخانىدا بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشتى. يۇنۇس ئۆيگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن:

— ئۆيۈڭلارنى كاتتا بېزىۋاپسىلەر، ـ دېدى.

— ھەدەم (ئاللاھ ئۇنىڭغا ھىدايەت ئاتا قىلسۇن) بۇنداق ئىشلارغا بەكمۇ قىزىقىدۇ. ئۆزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى. يېزنەم مالىيە ئىدارىسىدا ئىشلەيدۇ.

— بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆيىنىڭ بۇنچىۋالا كاتتا بولۇشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. كەچۈرگىن، تەنقىد قىلغىنىم ئەمەس، پەقەتلا ھېس قىلغانلىرىمنى ئېيتتىم.

— مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن. لېكىن ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە لايىق قىزىقىشى بولىدۇ.

— مەنچە سىلەر ئائىلە بويىچە مۇتەئەسسىپ ئىكەنسىلەر.

— ياق، مەن مۇتەئەسسىپ ئەمەس. مۇتەئەسسىپلەر بىر ئىشقا قارىغۇلارچە ئىشىنىدۇ، قارىغۇلۇق جاھالەتتۇر. ھەقىقەتنى قوغدايدىغانلار مۇتەئەسسىپ بولمايدۇ. ئائىلەمنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇرۇن ھەممىمىز ئوخشاش ئىدىيە ئېقىمىغا تەۋە ئىدۇق. ئائىلىمىزدىن ھازىر ئىككى قېرىنداشلا قالدۇق. ئاتا ـ ئانام مەن يەتتە ياش چېغىمدا ۋاپات بولغان. ھەدەم توي قىلغۇچە، بىزگە ھاممام قارىدى. ئون يىلدىن بېرى، ھەدەم بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىمەن.

— كەچۈرگىن، شۇ ئىدىيە ئېقىمى مەسىلىسىنى چۈشىنەلمىدىم.

— دېمەكچى بولغىنىم، ھەدەم بىلەن يېزنەم ئىككىسىنىڭ دۇنيا قاراشلىرى ئوخشاش. مەن ئىسلام بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، يوللىرىمىزنى ئايرىدۇق.

— ئىسلام بىلەن تونۇشماق؟ بۇرۇن باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلامتىڭ؟

— ياق، جىسمىم مۇسۇلمان بولغان بىلەن، روھىم ئىسلامدىن ئۇزاق ئىدى، ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەنمەيتتىم، ئۆزەم بىلگەنچە ياشايتتىم.

— كېيىن قانداق بولدى؟

— بۇرۇن سېپى ئۆزىدىن لۈكچەك ئىدىم. قىز دوستتىن بىر نەچچىنى تەڭ تۇتۇۋالاتتىم. ھازىرقى كۆپىنچە ياشلىرىمىزمۇ ئەنە شۇنداق. ھەتتا خىروئىنغا ئۆگىنىپ قالغىلى تاس قالغانىدىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ مېھرىبان، ئۇلۇغ ئاللاھ ماڭا مۆمىن ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچراشتۇردى.

يۇنۇس ئۇنىڭ گەپلىرىگە قىزىقىپ قېلىۋاتاتتى. شۇڭا ھاياجان بىلەن سورىدى:

— قانداق ئۇچراشتىڭلار؟

— بىر كۈنى يولدا كېتىۋېتىپ، بىر ھەميان تېپىۋالدىم. ھەمياننىڭ ئىچىدە كىملىك ۋە نۇرغۇن پۇل بار ئىدى. ھەدەم بىلەن يېزنەم مېنى پۇلنى ئېلىۋېلىشقا قىزىقتۇردى. ئەمما مەن كىملىكتىكى ئادرىس ۋە ئىسىم بويىچە ھەميان ئىگىسىنىڭ ئۆيىگە باردىم. ئىشىكنى ساقاللىق، نۇر يۈزلۈك بىر كىشى ئاچتى. بۇ دەل مەن تېپىۋالغان ھەمياننىڭ ئىگىسى ئىدى. ئامانەتنى ئىگىسىگە قايتۇرغاندىن كېيىن، كەتمەكچى بولدۇم. لېكىن ئۇ كىشى مېنى كەتكۈزمەي، ئۆيىگە باشلاپ كىردى. ئۇ كۈنى، دوستلىرى بىلەن دىنىي سۆھبەت ئۆتكۈزىۋاتقانىكەن. «سەندەك سەمىمىي يىگىتتىن يامانلىق كەلمەيدۇ، بۈگۈن مېنىڭ مېھمىنىم بولغىن دېدى. تۇنجى ئۇچقۇن مانا شۇنداق تۇتاشتى.

«ھۇ» تارتىۋېتىپتىمىكەن؟

— ياق، ئىلمىي سۆھبەت يىغىلىشى ئىكەن. ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ تەۋھىد مۇجادىلىسى، تەۋھىدنىڭ مەنىسى ھەققىدە سۆز بولۇۋېتىپتىكەن.

— ھازىرمۇ قاتنىشىپ تۇرامسەن؟

ئۆمەر فارۇق: «شۇنداق» دېمەكچى بولدى ـ يۇ، ئارقىدىنلا ۋاز كەچتى. چۈنكى بۇ كۈنلەردە ھەممە ئادەمگە ئىشىنىۋېرىشكە بولمايتتى. بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەر تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈشكە ئاران تۇراتتى. شۇڭا:

— ياق، ـ دېدى ۋە:

— چۈنكى ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن. ئۆيدە ئوقاي دېسەم، شارائىت يار بەرمەيۋاتىدۇ، ـ دەپ قوشۇپ قويدى.

— ئۆيدىكىلەر قارشى تۇرامدۇ؟

— شۇنداق، جان ـ جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدۇ.

— ئەمىسە، سېنىڭ ئىشىڭ تەسكەن.

— توغرا دەيسەن. ئەمما بۇ ئاخىرەتتىكى ئازابقا سېلىشتۇرغاندا ھېچ گەپ ئەمەس. يېزنەمنىڭ مېنى كۆرەر كۆزى يوق بولسىمۇ، مائاشىم بىلەن ئۆيگە ئانچە ـ مۇنچە قارىشىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن گەپ قىلمايۋاتىدۇ. ئەمما مەندىن گۇمانلىنىپلا يۈرىدۇ.

— قانداق گۇمان؟

— بولدىلا، دېمەيلا قوياي.

— كەچۈرگىن، شەخسىي ئىشلىرىڭنى سورىماسلىقىم كېرەك ئىدى.

— ئۇنداق ئەمەس، دېگۈدەك ئىشمۇ يوق.

— ئەمىسە ماڭا تەۋھىدنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويالامسەن؟ ھەزرىتى ئىبراھىم پەيغەمبەر ئەمەسمىدى؟ بۇ سۆھبەت ساڭا ھاياتىڭدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغۇدەك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپتۇ. مەن پەيغەمبىرىمىزدىن باشقىسىنى بىلمەيمەن، شۇڭا قىزىقىپ قالدىم.

— ھەزرىتى ئىبراھىمنى بىلىش ھەقىقەتەن مۇھىم. ئۇنىڭ ھاياتى تولىمۇ ئىبرەتلىك ھېكايىلەر بىلەن تولغان. تەۋھىدكە كەلسەك، بۇنى بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ. تەۋھىد ئىلىمنىڭ بىر تارمىقى.

— يەنى فىزىكا، خىمىيەگە ئوخشاشمۇ؟

— شۇنداقراق. تەۋھىد دېگەن نېمە؟ نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ تەۋھىدنى بۇزىدىغان سەۋەبلەر ۋە ئامىللار قايسىلار؟ تەۋھىد ئېيتىش دېگەن نېمە؟ تەۋھىد پەقەت تىلدىلا ئېيتىپ قويۇشمۇ ياكى تەۋھىد ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى بىجا كەلتۈرۈشمۇ؟ ... تەۋھىد — مانا مۇشۇنداق كەڭ دائىرىدىكى بىر ئىلىمدۇر.

— قىزىققان ئۆگىنىدۇ، دېگىنە؟!

— ياق، قىزىققانلا ئەمەس، ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەپ يۈرگەن ھەممە كىشى ئۆگىنىشى كېرەك.

— ئۆگىنىش شەرتمۇ؟

— سەنچە شەرت ئەمەسمۇ؟ «مەن پالانى» دەپ يۈرگەن كىشى ئەڭ بولمىغاندا، ئۆزى ھەققىدە بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەكقۇ؟

— قىزىق ئىش. قەتئىي ئۆگىنىش كېرەككەن ـ دە؟!

— قانداق دەيسەن؟

— سوراپ قويدۇم. مەسىلەن، ئۇنى بىلمىگەن مۇسۇلمان ھېسابلانمامدۇ؟

— سەن ئەگەر بىر نەرسىگە ئىگە بولساڭ، ئۇنى چوقۇم جان تىكىپ قوغدىشىڭ كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنى قوغداش يوللىرىنى پىششىق بىلىشىڭ كېرەك. ئەگەر بۇ يولنى بىلمىسەڭ، مۇقەررەر ھالدا ئىلكىڭدىكى نەرسىنى يوقىتىپ قويىسەن.

— دېمەكچى بولغىنىڭ، دىننى قوغداش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنى چۈشىنىش كېرەك، شۇنداقمۇ؟

— ئەلۋەتتە. ئويلاپ باققىنە، بىر نەرسىنى ئىلكىمدە دەپ ئويلاش باشقا، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئىگە بولۇش باشقا. دىننىڭ ئىگىسى ئاللاھتۇر. ئۇ ھەم دىننى قوغداشنىڭ يوللىرىنى، شەرتلىرىنى بىلگۈچىدۇر. شۇڭا بىز ئۆزىمىز بىلگەنچە: «بۇ مۇنداق بولىدۇ» دېيەلمەيمىز. دېسەكمۇ، قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئاخىرەتتە ئاللاھ بىزنىڭ كۆز قاراشلىرىمىزغا ئەمەس، بەلكى ئۆزى بەلگىلەپ بەرگەن دائىرىگە ئاساسەن ھېساب سورايدۇ.

— شۇنداق، ئېيتقانلىرىڭ توغرا. ئەمىسە نېمىشقا ھەزرىتى ئىبراھىم ھەققىدىلا ئۆگىنىمىز. بارلىق پەيغەمبەرلەر باراۋەر ئەمەسمۇ؟

— ياق، ھەزرىتى ئىبراھىمنىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىنى بىلىشىمىز كېرەك. ئەمما ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى ئالاھىدىرەك.

— قانداق ئالاھىدە؟

— چۈنكى ئۇنىڭ ئورنىنىڭ ئالاھىدە بولۇشىدا بىر مۇھىم سەۋەب بار. ئۇ بولسىمۇ، كىشىلەر ياشلىقىدا مەلۇم شەخسلەرگە ھەۋەس قىلىپ، ئۇلاردەك بولۇشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر بۇ چاغدا ھەقىقىي قەھرىمان، ھەقىقىي داھىيلارنى پەرق ئېتەلمىسەك، ساختا قەھرىمان، ساختا داھىيلار مەلۇم مۇددىئادىكى كىشىلەر تەرىپىدىن ياساپ چىقىلىدۇ. نەتىجىدە، ياشلار بۇلارغا ئەگىشىپ كېتىپ، ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ھازىرقى ياشلار ئارىسىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ. تارىختا بۇ ساختا قەھرىمانلارنى ئىلاھلاشتۇرۇپ ئۇنىڭغا چوقۇنغانلار، ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن جان بەرگەنلەرمۇ بولغان. لېكىن بىز سوغۇققانلىق بىلەن تارىخنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك، بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنىمۇ دەل شۇ.

— ئۆمرۈمدە ئاڭلاپمۇ باقمىغان نەرسىلەرنى سېنىڭ ئاغزىڭدىن ئاڭلاۋاتىمەن.

— مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا بۇلارنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا خۇددى يىگىرمە يىللىق ئۇيقۇمدىن ئويغانغاندەك بولغان ئىدىم. ئاللاھقا مىڭ شۈكۈر، مېنى غەپلەتتىن ئويغاتتى. ئەگەر شۇ پېتى ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالغان بولسام نەقەدەر ئېچىنىشلىق ئىش بولاتتى!

— قەيەرگە؟

— ئۇ دۇنياغا بولمامدۇ!

— ھە، مۇنداق دېگىنە، مەن تېخى...

— ئاللاھ ساڭىمۇ ھىدايەت ئاتا قىلغاي. بىزنىڭ ئاللاھ بىلەن تونۇشۇشىمىزغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئۇ قەدەر كۆپ ئامىل باركى، خۇددى ھەممە نەرسە قەستەن بىزنىڭ كۆزىمىزنى ئېتىپ، ھەقىقەتنى بۇرمىلاش ئۈچۈن يالغاندىن ياساپ چىقىلغاندەكلا. مەسىلەن: پۇتبولنى ئېلىپ ئېيتايلى، ئەگەر ھەممە ياشلار ئاللاھنى پۇتبۇلنى ياخشى كۆرگەنچىلىك ياخشى كۆرسە ئىدى، ئۇ چاغدا بىزنىڭ دۆلىتىمىز قانچىلىك گۈللەنگەن بولاتتى...

— پۇتبول ئويناشمۇ گۇناھمۇ؟

— ياق. يولىدا بولسىلا گۇناھ بولمايدۇ. لېكىن ھەممە نەرسە ئەسلى تەبىئىتىنى يوقاتقان چاغدىلا زىيانلىق تەرەپكە يۈز تۇتىدۇ.

—  توغرا دەيسەن.

— ھازىرقى ياشلارغا قارىساملا يۈرىكىم پۇچىلىنىدۇ. نېمىشقا دېسەڭ، ياشلىقىنى قاراپ تۇرۇپ ئىسراپ قىلىدۇ، ياشىدۇق دېگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ياشلىقىنى ئۆز قوللىرى بىلەن ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ.

ۋاقىت خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى. ئۇلار ئۇزاق پاراڭلاشتى. سائەت 11 يېرىم بولغاندا، ئىشىك قوڭغۇرىقى چېلىندى. ئۆمەرنىڭ ھەدىسى ۋە يېزنىسى قايتىپ كەلگەنىدى. ئۇلار ئۆيدە يات بىر كىشىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپلا چىرايى تۇتۇلدى. ھەتتا تىلىنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ مېھماندىن ئەھۋال سوراپ قويمىدى. يۇنۇس بۇ مۇئامىلىنى كۆرۈپ، دەرھال قايتماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى. ئۆمەر يۇنۇسنى ئۇزىتىپ قويغاچ، ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىدى. يۇنۇس كەتكەندىن كېيىن يېزنىسى:

— سەن نېمىشقا بىزدىن رۇخسەتسىز ئۆيگە يات ئادەم باشلاپ كەلدىڭ؟ — دېدى.

— كەچۈرۈڭلار، مەن دىققەت قىلماپتىمەن، ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن، — دېدى ئۆمەر.

ھەدىسى ئاچچىقلاندى:

— سەن قىلمىغان بىر مۇشۇ ئىش قالغان ئىدى. گەپ قىلمىساق ئەتە ـ ئۆگۈن موللىلىرىڭنى يىغىدىغان ئوخشايسەن بۇ ئۆيگە. مېنىڭ ئۆيۈمگە تەپ تارتماي، يات بىر ئەر كىشىنى باشلاپ كەلگىنىنى قارا!

ئۆمەر فارۇق بىچارىلەرچە:

— كەچۈرگىن ھەدە. ئەمدى قىلمايمەن، — دەپ كەچۈرۈم سورىدى.

— ئۆيۈمنىڭ ھوزۇرىنى بۇزىدىغانغا ھېچقانداق ھەققىڭ يوق، بۇندىن كېيىن قەدىمىڭنى تېخىمۇ ئويلاپ باس، — دېدى ھەدىسى.

— ھەدە، بۇرۇنمۇ بۇ ئۆيگە دوستلىرىم كېلىپ تۇراتتىغۇ؟ ئۇلارغا ئەجەپ بىر نەرسە دېمىگەنتىڭلار. كېپىللىك قىلىمەنكى، بۇ دوستۇمدىنمۇ سىلەرگە ھېچ يامانلىق كەلمەيدۇ.

يېزنىسى:

— سەن تېخى بىز بىلەن  تەڭ تۇرۇۋاتامسەن؟ بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى مەن، بىلىپ قوي! — دېدى.

ئۆمەر گەپ ـ سۆز قىلماي، ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى ۋە خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ يېتىپ قالدى. ئەمما خېلىغىچە ئۇيقۇسى كەلمىدى، بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايتتى. ئۇ كۆڭلىدە بىر چىقىش يولى ئىزدەيتتى: «مۆمىن ئاكىغا ئېيتسام بولارمۇ؟» دەپ ئويلىدى ـ يۇ، يەنە ۋاز كەچتى. «ياق، شەخسى ئىشلىرىم بىلەن، ئۇلارنى پاراكەندە قىلسام بولمايدۇ.»

ئۆمەر كېچىسى بىر ۋاق نەپلە ناماز ئوقۇشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلسىمۇ، ئەمما تۇرالمايۋاتاتتى. چۈنكى بۇرۇن بىر كېچىسى نامازغا تۇرغىنىدا، يېزنىسى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى ئاغزىغا ئالغۇسىز تىللار بىلەن ھاقارەتلىگەنىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۆمەر كېچىسى نامازغا تۇرۇشتىن ئېھتىيات قىلاتتى.

*  *  *  *  *

يۇنۇس ناشتا قىلىۋېتىپ ئاپىسىغا:

— ئاپا، مەنچە ئەلچىلىككە بارغان ۋاقتىمىزدا مومامنىمۇ ئېلىۋالساق ياخشى بولاتتى، ـ دېدى ۋە قوشۇپ قويدى:

— شۇڭا مەن بۈگۈن بېرىپ مومامنى ئېلىپ كېلەيمىكىن دەيمەن؟

مەريەمنىڭ ئاچچىقى كەلدى:

— سەنمۇ ھەددىڭدىن ئېشىشقا باشلىدىڭ. ئۇنى ئېلىپ كەلسەڭ، دەردىنى سەن تارتمايسەن، مەن تارتىمەن.

— ئاپا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەنمۇ قېرىيسەن، سېنىڭ كېلىنىڭمۇ ساڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلسا، سەن قانداق قىلىسەن؟

— ئۇ قانداق گەپ؟ مەن كېلىنىمنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايمەن، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى بار. خالىسا، ئۇمۇ مېنى باقمىسۇن. سەن تېخى ھېلىتىن مېنى باقمايمەن دەۋاتامسەن؟ بىز سېنى نېمە جاپالاردا چوڭ قىلدۇق؟

— موماممۇ ئىككى ئوغلىنى شۇنداق جاپادا بېقىپتىكەن، ئەمدىلىكتە يالغۇز قالدى.

— نەدىمۇ يالغۇز بولسۇن؟ ئەتراپىدا ئۇنىڭغا ئوخشاشلار جىققۇ؟

— سەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولمىغاچقا، ئۇنى چۈشىنىشىڭ مۇمكىن ئەمەس. نېمە بولسا بولسۇن، مومامنىڭ ئۇ يەردە تۇرۇشى كاللامدىن پەقەتلا ئۆتمەيدۇ.

— بۇ گەپلەرنى داداڭنىڭ قېشىدا دېگۈچى بولما. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەلچىلىككە ئۇنى ئاپىرىپ نېمە قىلىمىز؟ يا زىياپەت ياكى مۇراسىم بولمىسا، تويۇڭ بولغاندا ئېلىپ كېلەرسەن.

يۇنۇس ناشتىسىنى چالا ـ پۇچۇق قىلىپلا ئورنىدىن تۇردى. چاپىنىنى ئېلىپ، ئۆمەر فارۇقنىڭ يېنىغا بارماقچى بولۇپ، ئۆيدىن چىقتى. ئۆمەرنىڭ سەمىمى ۋە ئاقكۆڭۈللۈكى ئۇنى تەسىرلەندۈرگەنىدى.

يېرىم سائەتتىن كېيىن، ئۇ بولكىخانىغا يېتىپ كەلدى. ئۆمەر يۇنۇسنى كۆرۈپ، ئاخشامقى ئىش ئېسىگە كەلدى ـ دە، بىر ئاز خىجىل بولدى ۋە:

— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، خۇش كەلدىڭ يۇنۇس، مەن بۇ يەردە! ـ دېدى.

يۇنۇس كۈلۈمسىرەپ:

— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ساڭا يولۇقۇپ ئۆتەي دېگەنىدىم. ياخشى تۇرۇۋاتامسەن؟ ئاخشام سېنى قىيىن ئەھۋالدا قويغانلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن.

— ياقەي، ئەسلىدە مەن كەچۈرۈم سورىشىم كېرەك. قارا، بۈگۈن مۇنداق قىلايلى. ۋاقتىڭ بولسا، بېرىپ چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىپ كېلەيلى. مېنىڭ ئون مىنۇت دەم ئېلىشىم بار.

— سېنى ئاۋارە قىلماي. مەن ئىش ئىزدەۋاتاتتىم.

— ئاۋارە قىلىش دېگەن قانداق گەپ؟ مېنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىم تۇرسا؟

— مەيلى ئەمىسە.

ئۇلار تۈنۈگۈنكى چايخانىغا كېلىپ، بىر بوش ئۈستەل تېپىپ ئولتۇردى. ئۆمەر فارۇق:

— شۇنداق قىلىپ، ئىش ئىزدەۋاتىمەن دېگىن؟

— ھەئە، ئىشلىمىسەم بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، توي قىلىدىغان بولىۋاتىمەن، ئالىي مەكتەپكىمۇ ئۆتەلمىدىم.

— ئاللاھ ئاقىۋىتىنى خەيرلىك قىلسۇن!

— ئەلۋەتتە، خەيرلىك. بۇنىڭدىنمۇ خەيرلىك ئىش بولامدۇ؟ بۇنداق بەخت ھەممە ئادەمگە نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ. بىز بىر ـ بىرىمىزنى سەۋدايىلارچە ياخشى كۆرىمىز. ئاللاھ سېنىمۇ سۆيگىنىڭ بىلەن مۇرادىڭغا يەتكۈزسۇن!

— ئامىن! ئەمما يەنىلا ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرىۋەتمە. بىر ئىشنىڭ خەيرلىك ياكى ئەمەسلىكىنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ.

— ھەممە ئىش شۇنداق ئوچۇق تۇرمامدۇ؟ ئالدىمىزدا بەختسىزلىككە سەۋەب بولغۇدەك ھېچبىر ئامىل يوق. ھەم بىر ـ بىرىمىزنى شۇنداق ياخشى كۆرۈشىمىز ھەم ھەر ئىككى ئائىلە توي ئىشىمىزغا قوشۇلدى. ھال ـ ئوقىتىمىزمۇ خېلى ياخشى، خەققە موھتاج بولۇپ قالمايمىز.

ئۆمەر فارۇقنىڭ يۈزىدە ئاچچىق بىر كۈلۈمسىرەش ئەكس ئەتتى. يۇنۇس بۇنى كۆرۈپ سورىدى:

— خاتا گەپ قىلدىممۇ؟

ئۆمەر فارۇق بىردەم نېمە دەپ جاۋاب بەرسەم بولار دەپ ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سوئالىغا سوئال بىلەن جاۋاب بەردى:

— سەنچە توغرىمۇ؟ بەختلىك بولۇش ئۈچۈن سەۋدايىلارچە ئاشىق ۋە پۇل بولسىلا بولامدۇ؟ مەنچە ھەقىقەتكە ئاشىق بولمىغانلارنىڭ سۆيگۈسى خۇددى سوپۇن كۆپۈكىگە ئوخشايدۇ. بەخت دېگەن نېمە؟ ئۆتكۈنچى ھەۋەسلەرنى قاندۇرۇشمۇ؟ پەقەت بۇ دۇنياغىلا خاس بولغان بەخت ئىنساننى ئىككى دۇنيالىق بەختلىك قىلىشقا يېتەمدۇ؟

— ۋاي ـ ۋۇي، سوئال دېگەننى ياغدۇرۇۋەتتىڭغۇ؟ چۈشىنىشلىكرەك گەپ قىلساڭچۇ؟

— ئەمىسە مۇنداق دەي: مەسىلەن، ئالدىڭدا بىر كۆۋرۈك بار دەيلى. بۇ كۆۋۈكتىن چوقۇم ئۆتۈشۈڭ كېرەك. كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىنلا، كۆۋرۈك غايىب بولۇپ كېتىپ، سەن كەينىڭگە قايتالمايسەن. سەن كۆۋرۈكنىڭ ئۇ بېشىدا مەڭگۈ قېلىشقا مەجبۇرسەن. سېنىڭ ھازىرقى ھالىڭ خۇددى كۆۋرۈكتىن تېخى ئۆتمىگەن ۋاقتىڭغا ئوخشايدۇ. كۆۋرۈكنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئېسىل نەرسىلەر بار. ساڭا: «ئەگەر بۇ تەرەپتىكىلەرگە بېرىلىپ كەتسەڭ، يەنە بىر تەرەپتىكىلەردىن مەھرۇم قالىسەن» دېيىلسە، سەن مەڭگۈلۈك بەخت بار يەرنى تاللىماي، ئۆتكۈنچى نەرسىلەرگە بېرىلەمسەن؟ بۇنى ھەقىقىي بەخت دېگىلى بولامدۇ؟

— توختا، توختا. ئۆيلىنىش، بەختلىك بولۇش گۇناھمۇ؟

— ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. دەل ئەكسىچە، ئۇ دېگەنلىرىڭ سېنىڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشۈڭگە تۈرتكە بولىدىغان ئامىللاردۇر.

— قانداق؟

— كۆۋرۈك ئىگىسى بەلگىلىگەن قائىدە ـ تۈزۈملەر بار.  سەن كۆۋرۈك ئىگىسىنىڭ تەلىپىگە كۆنسەڭ، ئۇ چاغدا ھەر ئىش ـ ھەرىكىتىڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشۈڭنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. توي قىلىش ئەنە شۇ ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.

— ئۇنداقتا، كۆۋرۈك دېگىنىڭ بۇ دۇنيامۇ؟

— كۆۋرۈك ساڭا بېرىلگەن ھايات، ۋاقىت ۋە مۆھلەت. كۆۋرۈكنىڭ بۇ بېشىدا دۇنيا، ئۇ بېشىدا ئاخىرەت بار.

— ئاجايىپ گەپقۇ بۇ، توي قىلىش بىلەن ئۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشنىڭ نېمە ئالاقىسى بار؟

— ماڭا قارا يۇنۇس، بۇ تېمىنى ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ. ئەمما ساڭا شۇنى ئېيتىپ قوياي، ھەممىدىن ئاۋۋال بىز كۆۋرۈك ئىگىسىنى ياخشى تونۇشىمىز كېرەك.

— لېكىن بىز ئۇنى تونۇيدىغان تۇرساق؟

— ئۇنداق ئەمەستۇ؟

— ئۇ نېمە دېگىنىڭ؟ ئاللاھ بار، مەن ئۇنىڭ بار ۋە بىرلىكىگە ئىمان كەلتۈرىمەن.

— بىر شەيئىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى بىلىش باشقا، ئۇنى تونۇش باشقا. مەسىلەن، ئىستانبۇل دېگەن شەھەرنىڭ بارلىقىنى بىلىسەن، ئەمما بۇ ئىستانبۇلنى چۈشىنىدىغانلىقىڭدىن دېرەك بەرمەيدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

— شۇنداق.

— ئەقىلسىز ۋە ماڭقۇرتلاردىن باشقىسى ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. لېكىن مەسىلە ئۇنى ھەقىقىي تۈردە، يەنى ئاللاھنى ئىسىم ـ سۈپەتلىرى بىلەن تولۇق تونۇش ـ تونۇماسلىقتا. ئۆزىمىز چۈشەنمىگەن نەرسىنى ھەقىقىي سۆيەلمەيمىز.

— مەن بۇ گېپىڭگە ئانچە قوشۇلمايمەن. بىز ئاللاھنى تونۇيمىز ھەم چىن دىلىمىزدىن سۆيىمىز.

— ئېيتقىنە قېنى، ئاللاھنى قانداق سۆيىسەن؟

— ئاللاھ باردۇر، ئۇنىڭ ئوخشىشى ۋە تەڭدىشى يوقتۇر. كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى ئۇ ياراتقان.

— ئاللاھ بۇنچىۋالا نەرسىنى نېمە ئۈچۈن ياراتقان؟

— ھە، بىزنى توپىدىن...

ئۆمەر ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى:

— مەن ئۇنى دېمىدىم. يارىتىش سەۋەبىنى سوراۋاتىمەن.

— سەۋەبى؟

— ھەئە، سەۋەبى.

— ئۇنى بىز بىلەلمەيمىز.

— نېمىشقا بىلەلمىگۈدەكمىز؟ ئەمەلىيەتتە، ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە كائىناتتىكى نەرسىلەرنى نېمە ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئاللاھ ياراتقانىكەن، ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ئىلكىدە بولۇشى كېرەك، شۇنداققۇ؟

— ئەلۋەتتە.

— شۇنداق بولغانىكەن، كائىناتنى باشقۇرۇش ھوقۇقىمۇ ئۇنىڭ ئىلكىدە. ئەمما بىز ئۇنىڭ «ھاكىملىق» سۈپىتىنى چۈشەنمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنۇشنى، يەنى شەرىئەت قانۇنىغا بويسۇنۇشنى خالىمايمىز.

— ھەقىقەتەن ئۆزگىچە.

— نېمە ئۆزگىچە؟

— مەن بۇرۇن بۇنى پەقەت ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.

ئۆمەر فارۇق سائىتىگە قارىدى، ۋاقىت توشۇپ قالغانىدى. ئۇ يۇنۇسقا قاراپ:

— مەن كەتمىسەم بولمايدۇ. كۆۋرۈك ئىگىسى: «ئامانەتكە خىيانەت قىلماڭلار» دەپ بۇيرۇغان. خوجايىننىڭ ھەققىگە قارا سانىسام بولمايدۇ. بىز باشقا كۈنى پاراڭلىشايلى، بولامدۇ؟

— ئەلۋەتتە. پاراڭلىشىپ كاللامدىكى چىگىشلىشىپ كەتكەن پىكىرلەرنى يېشىشىم كېرەك.

ئۇلار ئايرىلغاندىن كېيىن، يۇنۇس دادىسىنىڭ يېنىغا باردى. دادىسى يۇنۇسقا بىر شەخسىي شىركەتنىڭ بوغالتىرلىق بۆلۈمىدىن ئىش تېپىپ قويغانىدى.

يۇنۇس شىركەتكە بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىردى. كەچ ئىشتىن چۈشۈشكە يېقىن ئۆمەر فارۇق بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى ۋە دادىسىغا تېلېفون قىلىپ بۈگۈن كەچرەك كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئۆمەرنىڭ ئىش يېرىگە كەلگىنىدە، ئۆمەر ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرغانىدى. يۇنۇس قورۇنغان ھالدا:

— ئەگەر مالال كۆرمىسەڭ، بىر ئاز ئايلىنىپ كەلسەك بوپتىكەن، ـ دېدى. ئۆمەر:

— ئەلۋەتتە بولىدۇ، — دەپ خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى.

ئۇلار دۇكاندىن چىققاندا، يۇنۇس:

— ئەتىگەنكى پاراڭلاردىن كېيىن، مېنىڭ كاللامدىكى ئوي ـ پىكىرلەر قالايمىقانلىشىپ كەتتى. شۇڭا سېنى ئاۋارە قىلىپ تۇرۇپتىمەن.

— ئاۋارە قىلدىم دېگەن نېمە گەپ، سېنىڭ بىلەن پاراڭلاشسام مېنىڭمۇ كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالىدۇ.

— رەھمەت، ئەمىسە ئېيتايمۇ؟

— بولىدۇ، قۇلىقىم سەندە.

— شۇ كۆۋرۈك مەسىلىسىدە، سەن نىكاھنىڭ كۆۋرۈكتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىمىزگە ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدىڭ. شۇ ئىشنى بىر ئاز تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەن بولساڭ.

— بۇنى چۈشەنمەك ئۈچۈن ئاۋۋال قۇللۇق ئېڭى بولۇشى كېرەك.

— بىز ئۇنىڭسىزمۇ قۇل تۇرساق؟

— ئەمما بىز قۇللۇق قىلىۋاتامدۇق؟

— قانداق دەيسەن؟

— ئەسلى مەسىلە بىزنىڭ قۇللۇقنى بىجا كەلتۈرگەن ـ كەلتۈرمىگەنلىكىمىزدە. قۇللۇق بىز بىلىدىغان ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەجدىنلا ئىبارەت ئەمەس. قۇللۇق يىغىپ ئېيتقاندا، شەرتسىز ئىتائەت ۋە ساداقەتتۇر.

يۇنۇس چۈشەندىم دېگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى. ئۆمەر فارۇق سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

— بىز ئەتىگەنكى سۆھبىتىمىزدە «ئاللاھنى تونۇش كېرەك» دېگەنىدۇق.

يۇنۇس ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى:

— ئۇنىڭدىن ئاۋۋال ماڭا شۇ نىكاھ ئىشىنى بىر ئىزاھلاپ بەرسەڭ.

— بولىدۇ. ئۇنىمۇ چۈشەندۈرىمەن. ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ ھۆكۈمرانىدۇر. شۇنداقلا، ئەڭ ئادالەتلىكتۇر. دېمەك، ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى مۇتلەق ئادىل بولىدۇ. مەن بايا: «قۇللۇق مۇتلەق ساداقەت دېمەكتۇر» دېگەنىدىم. ئەمدى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى ئېلىپ ئېيتساق، بىر ئىنسان ئەگەر: «ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ ئىلاھىمسەن» دېسە ۋە شۇنىڭغا ئىشەنسە، كەلىمە شاھادەت ئېيتقان بولىدۇ. كەلىمە شاھادەتنىڭ مەنىسى: «ئى ئاللاھ! سەندىن باشقا ھۆكۈمران يوقتۇر. مەن سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭدىن ھەرگىز يۈز ئۆرۈمەيمەن. مېنىڭ ھاياتىمنى سەن بەلگىلەيسەن، ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگە مەڭگۈ قارشى چىقمايمەن» دېگەنلىك بولىدۇ.

— ئەمما دۇنيادا قانچە ئادەم بۇنىڭ مەنىسىنى بىلىدۇ ھەم بۇنداق دەيدۇ؟

— توغرا دەيسەن، لېكىن بىز بۇنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەك. بۇنى مۇشۇ بويىچە بىلگەن ۋە ئىشەنگەن كىشىنىڭ ئېيتقان شاھادىتى ئاندىن ھەقىقىي مەنىگە ئىگە بولىدۇ.

— شۇلارنىڭلا قۇللۇقى قوبۇل قىلىنامدۇ؟

— ھەئە، پەقەت شۇلارنىڭلا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەمدى نىكاھ ئىشىغا كېلەيلى!

— ھە، شۇنداق قىلايلى.

— بىز: «ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن باشقا قانۇن تونىمايمىز» دېگەن ئىكەنمىز، ئاللاھنىڭ نىكاھ ھەققىدە بەلگىلىگەن قانۇنلىرىغا نەزەر سېلىشىمىز كېرەك. يەنى نېمىلەرگە دىققەت قىلىش ۋە قانداق رىئايە قىلىش... قاتارلىقلار.

— بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنمۇ بارمۇ؟

— ئەلۋەتتە، پەقەت بۇنىڭغىلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، يەنە ئاجرىشىش، مىراس بۆلۈشۈش، سىياسەت، ئەخلاق مەسىلىلىرى... قىسقىسى، ئىنسان ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر قانداق تۈرنىڭ ئۆزىگە خاس دەلىل ۋە قائىدىلىرى بار.

— «ئەخلاقىي پرىنسىپلار» دېگەن نېمە؟

— ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەن ھەر بىر كىشى ئەخلاقىي مەسىلىلەردە ئاللاھنىڭ قانۇن ـ قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. ئەمما بەزى ئىككى يۈزلىمىچى كىشىلەر ئىبادەتتە مۇسۇلمان، لېكىن ئەخلاقتا ئەبجەش كېلىدۇ.

— ئەخلاقتا ئەبجەش دېگىنىڭ نېمىسى؟

— ئىجتىمائىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتساق، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە ئەڭ كەڭ تارقالغان كۆز قاراش قايسى؟

— دىننىڭ دۆلەتكە، دۆلەتنىڭ دىنغا ئارىلاشماسلىقى.

— توغرا. دىننىڭ پرىنسىپلىرىغا يات بولغان ئەخلاق ياكى دىندىن ئايرىۋېتىلگەن ئەخلاق (تەبىئىيكى، بۇنىڭغا ئەخلاق دېيىشكىمۇ بولمايدۇ) ئەبجەش ئەخلاق بولماي نېمە؟

— باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دىنسىز ئەخلاق دېگىنە! ئەمىسە، ئىشىمىز چاتاقكەن جۇمۇ. دىندىن ئايرىۋېتىلگەن ھەرقانداق نەرسىدىن دىنسىزلىق كېلىپ چىقىدىكەن. بۇنى پەقەتلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.

— ئەگەر بىز ئۆزىمىز بىلگەنچە ياشاپ، ئاندىن: «ئاللاھ كەچۈرىدۇ» دەپ ئۆزىمىزگە تەسەللىي بەرمىسەك، ھەقىقەتەن ئىشىمىز چاتاق ئىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن گۇناھلارنى ئەپۇ قىلغۇچى، كەچۈرگۈچىدۇر، ئۇ گۇناھكارلارنى جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ.

— ھە، بۇ سۆزلىرىڭدىن سەل يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدۇم.

— ئەڭ ئاۋۋال تەۋبىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلىش كېرەك.

— ئۇنىمۇ سۆزلەپ بەرگىن ئەمىسە.

— باياتىن بېرى، ئۇ يەردىن ـ بۇ يەردىن سۆزلەپ ئۆتتۇق. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تەۋبىنىڭ مەنىسى ئەسلىگە قايتىش دېمەكتۇر. يەنى گۇناھىغا ھەقىقىي مەنىدە پۇشايمان قىلىپ، قايتا سادىر قىلماسلىققا قەسەم ئىچىشتۇر.

— ھە، ئەسلى مۇنداقكەندە؟

— شۇنداق. بۇ ياقتىن گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۇ ياقتىن: «ئاللاھ مېنى كەچۈر!» دېيىش تەۋبە قىلىش ھېسابلانمايدۇ. ئاللاھ نىسا سۈرىسىنىڭ بىر ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي (يەنى ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن) تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ، بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا ئەمدى تەۋبە قىلدىم دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى (يەنى ئۆلۈم ئالدىدا ئىمان ئېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى) قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق»[2].

— نېمىدېگەن ئوچۇق ئىپادىلەنگەن ـ ھە!

— ئەسلىدە قۇرئاننىڭ بارلىق مەزمۇنى مانا شۇنداق ئېنىق. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تېگىگە يېتىش ئۈچۈن ئوچۇق زېھىن ۋە ئۆتكۈر كاللا بولۇش كېرەك.

— ئاغىنە، مېڭەم ئېتىلىپ كېتەي دەپ قالدى. قەلبىمدە ئاجايىپ ھېسلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

— شۇ نىكاھ مەسىلىسىنى تولۇق يېشىپ بولالمىدۇق تېخى.

— نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭنى چۈشەندىم. ئۇنداقتا، ماڭا نىكاھنىڭ قائىدىلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىڭنى ئېيتىپ بېرەمسەن؟ ۋاقتىڭنى ئېلىپ قويىدىغان بولدۇم.

— ۋاقتىمىز ئاللاھقا پىدا بولسۇن. ۋاقىت بەندىگە ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئەڭ چوڭ دەسمايە، بەندە بولسا سودىگەردۇر. دىتسىز سودىگەر دەسمايىسىنى جايىدا ئىشلىتەلمەي ئاخىرىدا ۋەيران بولىدۇ. ئاللاھ تائالا سۈرە ئەسىردە بۇ ئەھۋالنى مۇنداق ئىپادىلەپ بەرمەكتە: «زامان بىلەن قەسەمكى، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر ـ بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر ـ بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر»[3]. ئاللاھ بىزنى ۋاقىتنى قەدىرلەيدىغانلاردىن بولۇشقا نېسىپ قىلغاي!

— ئامىن!

— نىكاھ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاللاھ قۇرئاندا: «مۇئمىن ئاياللار مۇئمىن ئەرلەر ئۈچۈندۇر» دېگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەدىسلىرىمىزدىمۇ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىمىزنى تاللاشتا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ دىندار ياكى ئەمەسلىكىگە قاراشنىڭ بىزگە ئىككىلا ئالەمدە بەخت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. تاللاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆتەشكە تېگىشلىك رەسمىيەتلەرنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىش، زىممىمىزگە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئاللاھ رازى بولىدىغان شەكىلدە ئۆتەش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

— ھەقىقەتەن بىلمەيدىغىنىڭ يوقكەن جۇمۇ!

— بەك ئاشۇرۇۋەتتىڭ، بىرنەچچە كىتاپ كۆردۈم شۇ، باشقا ئىلمىمنىڭ تايىنى يوق ھەم كىتاب ئوقۇش بىلەنلا ئىش تۈگىمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمىلىيەتكە تەدبىقلىماق، ئوقۇغانلىرىنىڭ تېگىگە يەتمەكتۇر.

— ھە راست، ساڭا دېيىشنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، دادام ماڭا بىر ئىش تېپىپتۇ. ئىش ھەققىدە بايانلار بارمۇ؟

— بولمامدىغان. ئىش ئەخلاقى، زامانىمىزدا بىزنىڭ ئەڭ كۆپ ئېھتىياجىمىز بولغان ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتىدۇر. ئەگەر بىز ئاللاھ بۇيرۇغان «ئىش ئەخلاقى»غا رىئايە قىلمىساق، ئۇ ھالدا جەمئىيىتىمىزدە نامراتلىق، جىنايەت، ئوغرىلىق، قويمىچىلىق قاتارلىق يامان ئىللەتلەر ئەۋج ئېلىپ كېتىدۇ.

دەل شۇ چاغدا، ئۆمەرنىڭ يېزنىسى قولىدا بىر كونۋېرتنى كۆتۈرگەن ھالدا ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇنىڭ چىرايلىرى تۇتۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، بىر ئىشقا ئاچچىقلىنىۋاتقانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. يېزنىسى كونۋېرتنى ئۆمەرنىڭ ئالدىغا ئاتتى ۋە تېرىككەن ھالدا:

— ماۋۇنى ئالە! ئەتىدىن ـ كەچكىچە سېنىڭ كەينىڭدىلا يۈرەمدىم، ئەسكەرلىك ئۇقتۇرۇشۇڭ كەپتۇ!

— ئاۋارە بولمىسىڭىزمۇ بوپتىكەن، كەچتە ئۆيگە بارغاندا كۆرسەممۇ بولاتتى ئەمەسمۇ، — دېدى ئۆمەر.

— مەن سېنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىڭنى نەدىن بىلەي، كىم بىلىدۇ قايسى ھىزبۇللاھچى بىلەن كۆرۈشۈپ يۈرگىنىڭنى! مېنىڭ ئائىلەمنى پاراكەندە قىلىۋاتقان بۇ ھىزبۇللاھچىلارنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلمىسام بولمىدى.     

— بۇ گەپلەرنى ئۆيدە قىلىشساق قانداق؟

— سەن بېشىڭ قايغان، پۇتۇڭ تايغان يەرلەردە يۈرۈپ، ئۆيگىمۇ ۋاقتىدا كەلمەيۋاتساڭ، سېنى تاپقىلى بولاتتىمۇ؟ — دېدى يېزنىسى ۋە كەينىگىمۇ قارىماي كېتىپ قالدى.

ئۆمەر فارۇق يېزنىسى كەتكەندىن كېيىن، لام ـ جىم دېمەي ئولتۇرۇپ قالدى. يۇنۇس كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا:

— كەچۈرگىن، ھەممىسى مېنىڭ كاساپىتىم، — دېدى.

— كەچۈرۈم سورىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. دېدىمغۇ، بىزنىڭ دۇنيا قاراشلىرىمىز ئايرىلغاندىن كېيىن، ئوتتۇرىدا زىددىيەت تۇغۇلدى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇۋېلىپ بىزار قىلماسلىقىم كېرەك ئىدى. مەن ھازىر مۇشۇ ئىشقا چارە ئىزدەۋاتىمەن.

— ئەسكەرلىك ئۇقتۇرۇشۇڭ كەپتۇ، مۇبارەك بولسۇن، — دېدى يۇنۇس.

ئۆمەر فارۇق جاۋاپ بەرمىدى. بۇ مەسىلىنى ئۇنىڭغا دېسىمۇ ئۇ بەرىبىر چۈشەنمەيتتى، بەزى ئىشلارنى يەنىلا توغرا كىشىگە، مۇۋاپىق زاماندا دېيىش ئەڭ ئاقىلانە چارە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆمەر سۈكۈت قىلىشنى لايىق كۆردى. ئۇ كونۋېرتنى ئېچىپمۇ كۆرمىدى، چۈنكى ئەسكەرلىككە بارماي ئامالى بولمىغاندىن كېيىن، ئەسكەرلىكنى نەدە قىلىش ئۇنىڭغا بەرىبىر ئىدى.

ئۆمەر ئاخىرى ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ:

— ھە راست، ئىش تاپتىم دەۋاتاتتىڭ، مۇبارەك بولسۇن! نېمە ئىشكەن؟ ـ دەپ سورىدى. ئۆمەر جاۋاب بەردى:

— بىر خۇسۇسىي شىركەتتە بوغالتىرلىق قىلغۇدەكمەن.

— يېڭى ئىشىڭ ياراشقاي.

— رەھمەت. سەندىن بىر ئىشنى سورىسام بولامدۇ؟

— سورىغىن.

— سېنىڭ شەخسىي ئىشىڭنى سورىماقچىدىم. سېنىڭ سۆيگىنىڭمۇ سەن بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشتىمۇ؟

 — سۆيگىنىم؟

— ھېلىقى كۈنى بېكەتتە دېيىشكەن ئىدۇققۇ...

— ھە، ئۇ ئىشنى دەمسەن، شۇنداق، مەن ئۇنى سۆيىمەن. ئۇنىڭغا ھەقىقىي سۆيگۈمنى بېرىپ، ئوتىدا كۆيۈشنى خالايمەن، ھەتتا بۇ يولدا جېنىمنى بېرىشكىمۇ تەييارمەن. ئەمما ئۇنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.

— ئۇنداق بولسا، سۆيگۈڭنى ئۇنىڭغا ئېيتىپلا قۇتۇلغىن. شۇ چاغدا ئۇنىڭمۇ سېنى سۆيىدىغان ياكى سۆيمەيدىغانلىقىنى بىلەلەيسەن. بولمىسا ساڭىمۇ ئۇۋال ساڭىمۇ نېمە جاپا؟!

— ھەي، جېنىم ئاغىنە! مەن دېمىسەممۇ ئۇ مېنىڭ ھېس ـ تۇيغۇلىرىمنى مەندىنمۇ ياخشى بىلىدۇ، ھەتتا مېنىڭ سۆيگۈمنىڭ راست ياكى ساختا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن جېنىمدىن كېچىپ كېچەلمەيدىغانلىقىمدىن تارتىپ بىلىدۇ.

— ئۇنداقتا ئۇ نېمە دەيدۇ؟

— مەن ئۇنىڭ قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

— بىرەرسىنى ئارىغا قويۇپ باقساڭ بولمامدۇ؟ ساڭا ھەقىقەتەن ئىچىم ئاغرىپ قالدى.

— ئاللاھ بىلەن قۇلنىڭ ئارىسىدا ئەلچىلىك قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

يۇنۇس شۇ چاغدىلا ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بولۇپ:

— قارا سېنى! سەن «سۆيگىنىم» دېسەڭ مەن تېخى باشقىچە ئويلاپ يۈرۈپتىمەن، — دېدى.

— بىز ھەممە نەرسىگە ماددا نۇقتىسىدىن قاراشقا كۆنۈپ كەتتۇق.

—  ئېيتقىنىڭ ئورۇنلۇق. ئەمىسە بىزنىڭ ھاياتىمىزدا ئايال كىشى بولماسلىقى كېرەكمۇ؟

— ئەلۋەتتە بولۇشى كېرەك. لېكىن مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، قائىدە ـ پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلغان ئاساستا بولسا بولىدۇ. مەسىلەن، مۇھەببەتلىشىشنى ئېلپ ئېيتايلى، ئىسلامىي نۇقتىدىن باقمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ. يەنى بىرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىسەن، چىقىشالمىساڭ ئايرىلىپ كېتىسەن ۋە  باشقىسىنى تاپىسەن. ئاخىرىدا شۇ كىرلەنگەن ئۆتمۈشۈڭ بىلەن يەنە باشقىسىغا ئۆيلىنىسەن. بىر مۇسۇلمان تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا بۇلغانغان بىر ئۆتمۈش بىلەن بېرىش توغرىمۇ سەنچە؟

— سەن پەقەت مۇھەببەتلىشىپ باقمىغانمۇ؟

— مەن ھىدايەت تېپىشتىن بۇرۇن مۇھەببەتلەشكەنىدىم. ھىدايەت تاپقاندىن كېيىن، مەن يۈرگەن قىزغا: «مەن بىلەن بۇ يولغا كىرگىن. مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، سېنى تاشلاشقا كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ. ئەگەر ماقۇل كۆرسەڭ، بىز بۇ ئالەمدىلا ئەمەس، ئۇ دۇنيادىمۇ بىرگە بولالايمىز» دېدىم.

— ئۇ نېمە دېدى؟

— ھاياتىنى ئۆزى بىلگەنچە ياشاشنى خالايدىغانلىقىنى، مېنىڭ ئىسلام يولىنى تۇتقىنىم ئۈچۈن مېنى ئەمدى ياخشى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ... ۋەھاكازالارنى دېدى. ئويلاپ باققىنە، ھەقىقىي سۆيگۈ مۇشۇنداق بولامدۇ؟ ھازىرقى ياشلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرى، نەپسى ۋە ئىستەكلىرىنى قاندۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

— ۋاي ئىسىت!

— نېمىگە ئۇنداق دەيسەن؟

— سىلەر ئايرىلىپ كەتتىڭلارمۇ؟

ئۆمەر جاۋابەن:

— ئاللاھ قۇرئاندا، ئەر ـ ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھسىز مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە مۇسۇلمانلارغا ھاياتىنى بۇنىڭغا ئەمەل قىلغان ئاساستا ئورۇنلاشتۇرۇپ، «تاپتىن چىقماسلىق» قا چاقىرغان. نەپس ۋە شەيتاندىن ئىبارەت ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەنلەردىن ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىمنىڭ سۆيۈشكە ئەڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن، — دېدى ۋە تۆۋەندىكى ئايەتنى ئوقۇدى:

ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار ، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىڭلار (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل ـ ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرۈدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا (يەنى شۇلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمىسەڭلار)، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى ئاللاھنىڭ ئەمر (يەنى مەككىنى پەتھى قىلىش ئىزنى) كەلگۈچە كۈتۈڭلار، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ چەك ـ چېگرىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى) ھىدايەت قىلمايدۇ.»[4]

— بۇ ھەقىقەتەن تەس ئىشكەن، سەن قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانسەن؟

— تەس دېسەڭ تەس، قولاي دېسەڭ قولاي. چۈنكى ئاللاھ بىزگە نەپس ۋە شەيتاندىن ئىبارەت دۈشمەنلەرنى يېڭىشكە لازىم بولغان ئەڭ مۇھىم قورالنى، يەنى ئەقىل، ئىمان ھەم ئىرادىنى بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىش قىلغاندا ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ، كېيىنكى پۇشايماندىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.

 — بۈگۈن خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم، رەھمەت ساڭا. لېكىن  دەيدىغان گەپلىرىم تېخى تۈگىمىدى. مەسىلەن، مېنىڭ موماممۇ دائىم ساڭا ئوخشاشلا سۆزلەيتتى، ئەمما بىزنىڭ ئۆيدە ھېچكىم ئۇنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمايتتى.

— موماڭ ھازىر نەدە؟ ئالەمدىن ئۆتتىمۇ؟

بۇ سوئالدىن يۇنۇسنىڭ يۈرىكى ئۆرتەندى:

 — ياق، لېكىن..... بولدىلا، بۇ ئىشلارنى كېيىن پاراڭلىشايلى. مەن نۇرتەن بىلەن كۆرۈشمەكچىدىم، كەچ قالماي، — دېدى ۋە بىرئاز تۇرۇۋېلىپ:

— مېنىڭمۇ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىم ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويارسەن، — دېدى.

ئىككىسى قول ئېلىشىپ خوشلاشتى.

*  *  *  *  *

يۇنۇس بىلەن ئۆمەر فارۇق خېلىلا ئىجىل دوستلاردىن بولۇپ قالدى. يېقىندا ئەسكىرىي مەجبۇرىيەتنى ئۆتەشكە ماڭماقچى بولغان ئۆمەر فارۇق بەزىبىر رەسمىيەتلىرىنى بېجىرمەكچى بولۇپ سىرتقا چىققانىدى. قايتىشىدا يۇنۇسنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردى:

— ئوھوي يۇنۇس، يوقاپلا كەتتىڭغۇ؟ مەرھابا!

— مەرھابا ئۆمەر!

ئىككى دوست قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. يۇنۇس:

— مەن ئىشقا چۈشتۈم، بىر تەرەپتىن توي تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. شۇڭا ساڭا يولۇقالمىدىم. ئۆزەڭ قانداقراق تۇردۇڭ؟

— خۇداغا شۈكۈر، ياخشى. ئەسكەرلىك رەسمىيەتلىرىنى پۈتتۈرۈش بىلەن ئاۋارىمەن. ئاپرىلدا ماڭىمەن.

— ئاپرىلدا مېنىڭ چاي ئىچۈرۈش مۇراسىمىم بار ئىدى. سېنىڭ مېڭىش ۋاقتىڭغا توغرا كېلىپ قالماس، ئىنشائاللاھ!

— چاي ئىچكەچ بىر ئاز پاراڭلىشايلىمۇ؟

— ھە راست. ساڭا باغىقىمنى ئېلىپ كەلگەنىدىم، ئېسىمنىڭ بارىدا بېرىۋېتەي.

— مۇبارەك بولسۇن! قاچانغا توغرىلىدىڭ؟

— ئاپرىلنىڭ 2 ـ ھەپتىسى. كېلىدىغانسەن ـ ھە؟

— ئەلۋەتتە، ئەمما ئاۋۋال قانداق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا قارايمەن.

— مۇراسىم زالىدا ئۆتكۈزمەكچى. نۇرتەن: «سەنئەتچى كەلمىسە زادى بولمايدۇ» دەپ تۇرۇۋالغانىدى، مىڭبىر تەستە بۇ نىيىتىدىن ياندۇردۇق.

— شۇنداقمۇ؟ ـ دېدى ئۆمەر فارۇق كۆڭلى غەش بولغان ھالدا.

— قارىغاندا كەلمەيدىغاندەك تۇرىسەن، مەن مۇشۇنداق بولۇشىنى پەرەز قىلغانىدىم. ئەمما كېلىشىڭنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. سېنىڭ ئىشلىرىڭ پۈتتىمۇ؟

— پۈتۈپ قالدى. بۇ ئاخشام سېنى بىر يەرگە ئاپىرايمۇ؟

— نەگە ئاپىرىسەن؟

— ھازىرچە مەخپىي.

— بولىدۇ ئاغىنە. مەن سېنىڭ بىلەن بىللە جەھەننەمگىمۇ بېرىشقا رازى.

بۇ گەپتىن قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتكەن ئۆمەر فارۇق:

— ھەيھات! ھەرگىز ئۇنداق دېمىگىن. بۇ دۇنيادا ھېچكىم ئاللاھتىن يىراقلاپ كېتىشكە پېتىنالىغۇدەك دەرىجىدە ئالىي مەرتىۋىلىك ئەمەس. ماڭا قارا يۇنۇس، بۇ ھاياتتا ئۈچ نەرسىگە چاقچاق قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇلار: ئىمان، نىكاھ ۋە تالاق.

— نېمە؟ تالاق دېگىنىڭ نېمىسى؟

— تالاق دېگەن، ئايالىنى قويۇۋېتىشنى بىلدۈرىدۇ. ئىنسان بەزىدە بىلىپ ـ بىلمەي شۇنداق سۆزلەرنى قىلىدۇكى، شۇ بىر ئېغىز سۆزنىڭ كاساپىتىدىن دىندىنمۇ چىقىپ كېتىدۇ. ئاللاھ ساقلىغاي! شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ دىنى ھەققىدە ھەرگىز قالايمىقان سۆزلىمەسلىكىمىز لازىم. بىلمەستىن دەپ سالغان بولساقمۇ، شۇ بىر ئېغىز سۆز بىزنى كاپىر قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.

— نېمىشقا بۇنچىۋالا ئالاقزادە بولىسەن؟

— چۈنكى ئىمان مەسىلىسىگە چاقچاق قىلىشقا بولمايدۇ.

— ھەقىقەتەن ئاجايىپ ئادەم ئىكەنسەن. ھېچكىم سېنىڭدەك غەم يېمەسمىكىن دەيمەن.

— نېمە غەم دەيسەن؟

— ئاخىرەتنىڭ، دىننىڭ غېمىچۇ؟ ئاغىنە، سەن پۈتۈن ھاياتىڭنى دىننى مەركەز قىلغان ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپسەن. بۇنىغۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەمما بەزى مەسىلىلەردە ...

ئۆمەر فارۇق ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى:

— سېنىڭچە بولغاندا، بەزى ئىشلىرىم دىنىي، بەزى ئىشلىرىم دىنسىز بولسا بولىدىكەندە؟ ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەن ئادەمگە بۇ يارىشامدۇ؟

يۇنۇس لام  ـ جىم دېمىدى. ئۆمەر سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

— يۇنۇس! ئاللاھ تائالا بىزگە ئەۋەتكەن دىننى ئۇ قەدەر مۇكەممەل تاماملىغانكى، ئۇ پۈتكۈل ئىنسان ھاياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەسىلىگە جاۋاب بېرىدۇ.

— ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟

— شۇنداق.

— ئۇنداقتا، سەن دۆلىتىمىزنىڭمۇ دىنىي دۆلەت بولۇشىنى خالايدىكەنسەندە؟!

— سەن دىنسىز دۆلەتنى خالامتىڭ؟

— ئۇنداقمۇ ئەمەس، مەن... ئىشقىلىپ ھازىر دەۋر ئۆزگەردى. شۇڭا دىنمۇ دەۋرگە ماسلىشىشى كېرەكمىكىن دەپ ئويلايمەن...

ئۆمەر فارۇق يۇنۇسنىڭ سۆزىنى كېسىپلا:

— سەنچە ئىسلام دىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرلىرى دەۋرىمىزگە ماس كەلمەيدىكەندە؟! ئۇنداقتا، ئىنسانلار تۈزگەن زامانىۋىي قانۇنلار نېمە ئۈچۈن نامراتلىقنىڭ، ئاچلىقنىڭ، ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ؟ قېنى ئېيتە، ئىنسانلارنىڭ قانچە پىرسەنتى بەختلىكتۇر؟ ئوخشاش بىر مەسىلىدە ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ چىقارغان ھۆكمىدىن قايسىسى توغرا ۋە ئادىل ئىكەنلىكىنى تارتىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزى ئەخمىقانىلىق ئەمەسمۇ؟ ـ دېدى.

— ھەقىقەتەن جېنى بار گەپ قىلدىڭ. بىز بۇلارنى بىلمەيمىز، بىلەلمەيمىز. چۈنكى بىزگە بۇلار ئۆگىتىلمىدى، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ دىنىنى تونۇتمىدى. ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇغان ئىنسان ئاللاھتىن يىراقلىشىدىغان ئىشنى قىلامدۇ؟ ئەلۋەتتە قىلالمايدۇ.

يۇنۇسنىڭ بۇ سەمىمىي سۆزلىرى ئۆمەرنىڭ كۆڭلىگە ياقتى. ئۇ قولىنى يۇنۇسنىڭ مۈرىسىگە دوستانىلارچە قويۇپ تۇرۇپ:

— توغرا دەيسەن، ئاغىنە. ھازىرقى تۈزۈلمىمىز ئاللاھنى تونۇيالماسلىقىمىز ئۈچۈن مەخسۇس قۇرۇلغان. ئەمما شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، ئاللاھنىڭمۇ تۈزۈلمىسى بار. ئەگەر بىراۋلار بىزدىن ھېساب سورىغۇدەك بولسا، ئاللاھنىڭمۇ ئەينەن شۇ ھېسابنى بىزدىن سورايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

— مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمەيۋاتقان بىر مەسىلە بار ئىدى، سوراشقا ئىككىلىنىۋاتىمەن.

— سوراۋەرگىن، ئەمما مېنىڭ بىلىدىغانلىرىم چەكلىك بولغاچقا، جاۋاب بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن.

— مەن سېنىڭچىلىك بىلگەن بولسام بولاتتىغۇ. ھە راست، بۇ ئاخشام مېنى نەگە ئاپارماقچى؟

— مەخپىي دېدىمغۇ؟ لېكىن بەك بىلىشكە ئالدىراپ كېتىۋاتقان بولساڭ، دەپ بېرەي. مۆمىن ئاكىنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارىمەن.

— سەن پورتىمالىنى تېپىۋالغان ھېلىقى ئادەممۇ؟

— بولىدۇ، سائەت نەچچىدە كۆرۈشىمىز؟

— ئاخشام سائەت سەككىزدە، چىنار بېكىتىدە ئۇچرىشايلى.

ئۇلار قول ئېلىشىپ خوشلاشتى. ئۆمەر يۇنۇسنىڭ ئارقىسىدىن زوقلىنىپ قاراپ قالدى. يۇنۇس تېخى ئۇزاقلاشماي تۇرۇپلا، ئۆمەر:

— ئاغىنە، شۇنى ئۇنتۇپ قالما، ئېتىزىغا تەر تۆكمىگەن دېھقان كۈزدە ھوسۇل ئالالمايدۇ. بۇ زېمىن دۇنيا ئىشلىرىنىڭ، دۇنيا بولسا ئاخىرەتنىڭ ئېتىزىدۇر، ـ دەپ ۋارقىرىدى.

يۇنۇس كەينىگە بۇرۇلۇپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا قولىنى پۇلاڭلاتتى. ئۆمەرمۇ ئىشىغا ماڭدى.

. . . . .

ئاخشام ۋاقتى، ئۆمەر فارۇق ئۆيگە قايتىپ كەلدى. ھەدىسىنىڭ قېينانىسى كەلگەن بولۇپ، ھەممىسى بالكوندا چاي ئىچىپ ئولتۇراتتى. يېزنىسى ۋە ھەدىسىنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كەتكەنىدى. ئۆمەر ساباھەت خانىمغا يىراقتىنلا:

— خۇش كەپسىز، ـ دېدى. ساباھەت خانىم جاۋابەن:

— رەھمەت. بەك كاتتا بولۇپ كېتىپسەن، بۇرۇنقىدەك كېلىپ كۆرۈشىدىغان، ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان ئىشلارمۇ يوق.

ئۆمەر فارۇق ئۈن چىقماي ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ھەدىسى بېلىق كاۋىپى قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر قانچە تالنى پىشۇرماي ئېلىپ قويغانىدى. ئۆمەر بۇنداق ئىشلارغا كۆنۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، ناننىڭ ئارىسىغا بىر پارچە ئىرىمچىكنى قىستۇرۇپلا، قورسىقىنى ئەستەرلىۋالغاندىن كېيىن، بالكونغا چىقىپ يېزنىسىگە:

— تالاغا چىقىپ بىر ئاز ئايلىنىپ كىرەي، ـ دېدى ۋە جاۋابىنى كۈتمەيلا ئۆيدىن چىقتى. ئۇ يۇنۇس بىلەن ئۇچراشماقچى بولغان جايغا قاراپ كېتىۋاتقاندا، ئۆيدە ئۇنىڭ غەيۋىتى بولۇۋاتاتتى. ساباھەت خانىم پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ئوغلىغا:

— سەن نېمە دەپ بۇ بالىنىڭ دەردىنى تارتقۇدەكسەن؟ ئىككىڭلار بۇنى ياخشى كۆرگەچكىلا مەن بىر نېمە دېمىگەنىدىم. لېكىن مەن سېنى خەقنىڭ بالىلىرىغا دادا بولسۇن دەپ چوڭ قىلمىغان. بۇنىڭ دەردىنى قاچانغىچە تارتىسەن؟ تېخى ئەتە ـ ئۆگۈن ئەسكەرلىككە بارىدۇ، توي قىلىدۇ. بۇ پۈتمەس ـ تۈگىمەس ئىشلار سېنىڭ بېشىڭغا قالىدۇ، ـ دېدى. ئۆمەرنىڭ ھەدىسى تاقەت قىلالمىدى:

— ئاپا! تەرىقەتچىلەرگە ئارىلاشقانلىقىغا مەنمۇ قارشى. ئەمما ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلمايلى. ئۇمۇ تاپقان پۇلىنى ئۇدۇل ئەكېلىپ، بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرىدۇ. قېينانىسى كېلىنىنىڭ سۆزىگە قارشى چىقتى:

— ھە، شۇنداقمۇ تېخى؟ ئەمىسە مېھمانخانىدا بىر كېچە يېتىپ باقسۇن، قانچە پۇل تاپشۇرىدىكىن؟!

ئۇلار بۇ پاراڭ بىلەن سائەت 11 گىچە ئولتۇرۇشتى. ئۆمەرنىڭ تېخى قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى پۇرسەت بىلگەن ساباھەت خانىم ئوغلىنى راسا كۈشكۈرتتى.

بالكوندا شۇ سۆزلەر بولۇۋاتقاندا، ئۆمەر قايتىپ كەلدى ۋە ئاستاغىنە ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. ئۆمەرنىڭ ھەدىسى ئىشىكنىڭ ئېچىلغىنىنى تۇيۇپ قېلىپ، بالكوندىن ئىچىگە كىردى. ئۆمەرنىڭ ھۇجرىسىنىڭ چىرىغى يېنىق تۇرغىنىنى كۆرگەن ھەدىسى ھۇجرىغا غەزەپ بىلەن ئېتىلىپ كىرگىنىچە:

— بەس! ئارامىمىزنى بۇزۇشۇڭغا ئەمدى يول قويالمايمەن، ـ دەپ ۋارقىرىدى. ئۆمەر داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى. ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلىغان يېزنىسى بىلەن ئاپىسى يۈگۈرگىنىچە كىرىپ كېلىشتى. يېزنىسى ئۇدۇل كېلىپ، ئۆمەرنىڭ تەستىكىگە بىرنى سالدى. ئۆمەر دەرھال يېزنىسىنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ:

— نېمە بولدى، نېمىشقا ئۇرىسەن؟ ـ دەپ سورىدى. يېزنىسى غەزەپ بىلەن:

— سېنىڭ دەردىڭنى قاچانغىچە تارتىمەن؟ قىلغان ئىشلىرىڭغا بۈگۈنگىچە ھېچنېمە دېمىدىم، ئەمدى تەرىقەتچىلىكىڭ تۇتتى، بۇمۇ يەتمىگەندەك، ئەتە ئەسكىرىي مەجبۇرىيىتىڭ، ئۆگۈن تويۇڭ چىقار. مەن سېنىڭ جەددى ـ جەمەتىڭـگە ئۆيلەندىممۇ؟ ـ دېدى.

ئۆمەر ئەمدى ھەممىنى چۈشەندى. دېمەك، ئەسكەرلىك چىقىمى بۇلارغا ئېغىر كېلىۋاتاتتى. «ئاپلا!» دېدى ئىچىدە: «كاشكى ھەر ئايلىق مائاشىمدىن ئازراق ئايرىپ قويغان بولسامچۇ؟ خەير، ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر، بىر گەپ بولۇپ قالار...». ئۆمەرنىڭ خىياللىرى يېزنىسىنىڭ ئىككىنچى تەستىكى بىلەن كېسىلدى. يېزنىسى:

— ئائىلەمنىڭ ئارامىنى بۇزۇشقا ھەققىڭ يوق، ئاڭلىدىڭمۇ؟ ـ دەپ ۋارقىرىدى.

كەچ سائەت 12 بولۇپ قالغانىدى، ئۆمەر فارۇق چاپىنىنى ئېلىپ، گەپ ـ سۆزسىز ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ھاۋا سالقىن ئىدى، بۇ كېچىدە نەگە بېرىشىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدى. بىر ئاز مەقسەتسىزلا كوچا ئايلاندى، بايا ئۆيدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار كاللىسىنى چۇلغىۋالغانىدى. مەھەللىدىكى باغچىغا كىردى ۋە بىر ئورۇندۇققا كېلىپ ياتتى. كۆككە باقتى، ئوچۇق ئاسماندا چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار ئۆمەرگە:

— سەن يالغۇز ئەمەس، بىز ساڭا ھەمراھ، ـ دېگەندەك جىمىرلىشاتتى. ئۆمەر قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىنى بىلمىدى. ئويغانغىنىدا، ئىشقا بارىدىغانغا 15 مىنۇت قالغانىدى. ئورنىدىن تۇرۇۋىدى، پۈتۈن ئەزايىنىڭ ئۇرۇپ ـ چېقىۋەتكەندەك ئاغرىۋاتقىنىنى سەزدى. دۇكانغا يېتىپ بارغىنىدا، يەنە بىر كۆڭۈلسىز ئىشقا دۇچ كەلدى. يېزنىسى قاق سەھەردە ئۇنىڭ كىيىم ـ كېچەكلىرىنى، بىر ئەدىيال، ئەسكەرلىك رەسمىيەتلىرى ۋە بىر نەچچە تال كىتابنى دۇكانغا تاشلاپ قويۇپ كەتكەنىدى. ئۆمەر تۈنۈگۈن ئاخشام مۇئمىن ئاكىسىنىڭ ئۆيىدىكى دەرسنى ئېسىگە ئالدى. دەرس دەۋا يولىدىكى قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇلارغا سەۋر قىلىش مەزمۇنىدا ئىدى. يادىغا بىلال، ئەممار، ھەبباب، سۇمەييەلەر كەلدى. پەيغەمبىرىمىزچۇ تېخى؟ ئۇنىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەر كەلمىگەنىدى؟ ئوقۇغان تارىخىي بىلىملەر ئۆمەرنىڭ كۆڭۈل ئېكرانىدا جانلىنىشقا باشلىدى.

ئۆمەر:«ھەسبۇنەللاھۇ ۋەنىئمەل ۋەكىل» (ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە) دېدى ۋە كۈندىلىك ئىشىنىڭ بېشىغا ئۆتتى. قولى ئىشتا بولسىمۇ، كاللىسىدا توختىماي ئامال ئىزدەيتتى. ئاخىرى، خوجايىنىنىڭ يېنىغا چىقىپ، بىر كۈنلۈك رۇخسەت سورىدى. خوجايىنى ئەمىن ئەپەندى كىشىنىڭ ھالىغا يېتىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ ئۆمەرگە:

— ماڭا قارا ئوغلۇم! ـ دېدى ۋە ئاتىلارچە مېھرىبانلىق بىلەن داۋام قىلدى:

— قولۇمدا ئىشلەۋاتقىنىڭغا خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالدى. ئىش ئەخلاقىڭ بولسۇن، سەمىمىيلىكىڭ بولسۇن، مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ. سېنىڭ ئەسكەرلىككە بارىدىغىنىڭغا ئاز قالدى. مەن بۈگۈن ئىش ھەقلىرىڭنى تولۇق بېرىپ، سېنى ئۇزىتىپ قوياي. مېڭىشتىن بۇرۇن ياخشىراق ئارام ئېلىۋالغىن. ئۆمەر:

— ھەققىم بولمىغان پۇلنى ئالسام قانداق بولىدۇ؟ ـ دېدى.

— مەن ساڭا پارا بەرمىدىم، سوۋغات بېرىۋاتىمەن. سوۋغات ئېلىش سۈننەتقۇ؟!

شۇنداق قىلىپ خوجايىنى ئۆمەرنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئىش ھەققى ۋە ئازراق پۇلنى قولىغا تۇتقۇزدى ۋە:

— ئەسكەرلىكتىن كېلىپ ئىشلىمەكچى بولساڭ، ساڭا ھەر ۋاقىت ئىشىكىم ئوچۇق، ـ دېگەننى قوشۇپ قويدى.

ئۆمەر خوجايىنى بىلەن خوشلىشىپ، دۇكاندىن چىقتى. ئۇ كېتىشىگىلا يۇنۇس كەلدى. ئۇ ئاخشام كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆمەردىن كەچۈرۈم سورىماقچى ئىدى. ئۆمەرنى تاپالمىغان يۇنۇس روھى چۈشكەن ھالدا قايتىپ كەتتى، ئويچان ۋە پەرىشان كۆرۈنەتتى. خىيالىدا: «ئەجىبا، ئۆمەر مېنى نېمىدەپ ئويلاپ قالغاندۇ؟ قەستەن كەلمىدى دەپ ئويلىغانمىدۇ؟ كاشكى ئۇنىڭغا ئاغرىپ قالغان مومامنى ساناتورىيەدىن ئەكېلىشكە كەتكەنلىكىمنى دېيەلىگەن بولسامچۇ؟» دەپ ئويلايتتى.

ئارىدىن 20 كۈن ئۆتتى. يۇنۇس ئۆمەرنىڭ ئۆيىگە بىر نەچچە قېتىم تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، ھەر قېتىمدا يۇنۇسنىڭ يېزنىسى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيدە يوقلۇقىنى ئېيتقانىدى. بىر كۈنى، يۇنۇس ئىشخانىسىدا ئولتۇرغاندا، بولغۇسى ئايالى نۇرتەن كىرىپ كەلدى.

— مەرھابا جېنىم!

يۇنۇس بېشىنى كۆتۈرۈپ:

— خۇش كەپسەن! ـ دېدى.

— رەھمەت، قانداقراق تۇرۇۋاتىسەن؟ مېنى كۆرۈپ خۇش بولمىغان ئوخشىمامسەن؟

— ئۇنداق ئەمەس. ئەمما ئۇچاڭدىكى كىيىملەر كۆزۈمگە پەقەتلا سىغمىدى.

— كىيىملىرىم نېمە بوپتۇ؟

— سۆيۈملۈكۈم! شۇ يوپكاڭنى ئازراق ئۇزارتساڭ بولمامدۇ؟ يەڭلىرىڭگە قارىغىنە! ئەڭ بولمىغاندا گاچا يەڭ بولسىمۇ كىمنىڭ دەردى؟!

— يەنە شۇ گەپمۇ؟ ساڭا بۇ كۈنلەردە نېمە بولدى؟ بارغانسېرى ئاخۇنۇملاردەك بولۇپ كېتىۋاتىسەن.

يۇنۇسنىڭ ئاچچىقى كەلدى:

— سېنى كۈنلىگىنىم گۇناھمۇ؟ ئەلۋەتتە كۈنلەيمەن. كاشكى ئاخۇنۇم بولالىسامچۇ؟ مەن ماڭا تەئەللۇق بولغان نەرسىنى باشقىلارنىڭمۇ كۆرۈشىنى خالىمايمەن.

— ئەمما مەن سېنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن. مېنى قىستاۋەرمەي، ئازراق ۋاقىت بەرگىن!...

نۇرتەننىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ئىشخانىنىڭ ئىشىكى چېكىلدى. ئىشىكنى ئاچقان يۇنۇس كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى. چۈنكى ئىشىك ئالدىدا ئۆمەر فارۇق تۇراتتى. يۇنۇس قوللىرىنى كېرىپ:

— دوستۇم، خاتا كۆرۈپ قالمىغاندىمەن؟ خۇش كەپسەن! ـ دېگىنىچە ئۆمەرنى قۇچاقلىدى. ئۆمەر ئىشخانىدا ئولتۇرغان نۇرتەننى كۆرۈپ ئوڭايسىزلانغاندەك:

— كەچۈرگىن، بىمەزگىل كېلىپ قالدىممۇ نېمە؟ ـ دەپ ئارقىسىغا بىر نەچچە قەدەم چېكىندى. يۇنۇس:

— ئۇ نېمە دېگىنىڭ؟ سېنى ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى. نەلەردە يۈرىسەن؟

نۇرتەن ھەيران بولدى. ئەجىبا، بۇ كېلىشكەن يىگىت كىم بولغىيدى؟ يۇنۇس نېمىشقا ئۇنىڭغا ئۆزىدىنمۇ قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ؟ يۇنۇسنىڭ بۇ ھاياجىنى نۇرتەننىڭ دىققىتىنى تەبىئىي ھالدىلا ئۆمەر فارۇققا بۇرىغانىدى.

ئۆمەر ئىشخانىغا كىرىشنى خالىمىغاچقا، يۇنۇس كارىدورغا چىقتى. ئىككى دوست يەنە بىر ھازا قۇچاقلىشىپ تۇرغاندىن كېيىن، ئۆمەر فارۇق ئېغىز ئاچتى:

— ئەسكەرلىككە ماڭىدىغان بولدۇم، شۇڭا سەن بىلەن خوشلاشقىلى كەلدىم.

— شۇنداقمۇ؟ جۈدەپ قاپسەن. كۆڭلۈڭ يېرىم بولۇۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟

ئۆمەر دەرھال گەپنى يۆتكىدى:

— مەندىن رازى بولغىن! ئىنشائاللاھ، يەنە كۆرۈشەرمىز.

— مەن سەندىن كەچۈرۈم سورىماقچى ئىدىم. ھېلىقى كۈنى ئاخشىمى ئىستانبۇلغا بارىدىغان بولۇپ قېلىپ كېلەلمىدىم. ئەتىسى سېنى ئىزدەپ كەلسەم، سەن يوق ئىكەنسەن. كېيىن سۈرۈشتۈرسەم، ئىشتىن ئايرىلىپسەن. سەندىن تولىمۇ ئەنسىرىدىم.

— كەچۈرگىن، بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە ساڭا خەۋەر بېرەلمىدىم.

— مومام ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە ئىدى، ئاغرىپ قاپتۇ. ئۇنى ئالغىلى بارغانىدىم.

ئۆمەر ھەيران قالدى:

— موماڭ ساناتورىيەدىمۇ؟

— شۇنداق. بۇ توغرۇلۇق سەن بىلەن پاراڭلىشىشنى ئۇزۇندىن بېرى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرەتتىم، ئەمما ھېچ پۇرسەت بولمىدى. مېنىڭ موماممۇ خۇددى ساڭا ئوخشاشلا سۆزلەرنى قىلاتتى. لېكىن ئۇنى ئوقۇمىغان، نادان ئايال دەپ، ھېچكىم ئۇنىڭ سۆزىگە پەرۋا قىلمايتتى. راستىنى ئېيتسام، تاكى مومام ساناتورىيەگە كەتكۈچە مەنمۇ ئۇلاردەك ئويلاپ يۈرۈپتىكەنمەن.

— نېمە سەۋەبتىن ساناتورىيەگە ئاپىرىۋەتتىڭلار؟

— سەۋەبى جىق. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچبىرى ھەقىقىي سەۋەب بولالمايدۇ.

— قانداق دەيسەن؟

— چۈنكى مومامنىڭ ئىسلامىي نەسىھەتلىرى تۈپەيلىدىن ئاپام بىلەن سىڭلىمنىڭ ھېچ ئارامى قالمىدى. بەلكىم ئۇلارنىڭ ئىچى سىقىلغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن مومام بەك ئېسىل ئايال.

— ھە، مۇنداق دېگىن. ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس. داداڭ بۇ ئىشقا قانداق رازى بولدى؟

— بىلمىدىم، بىلەلمىدىم. باشتا قوشۇلمىغانىدى، كېيىن ئاپام بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنى كۆندۈردى.

— موماڭنى ھازىر ئۆيگە ئەكېلىۋالدىڭلارمۇ؟

— شۇنداق. ئەمما بىچارە مومام ئازابتىن تۈگىشىپلا كېتىپتۇ.

— داداڭنىڭ باشقا قېرىنداشلىرى يوقمىدى؟

— بولۇشىغۇ بار. لېكىن ئۇ دادامدىنمۇ بەتتەر. ئۆزى سوتچى، ئايالى سېپى ئۆزىدىن دىنسىز.

ئۆمەرنىڭ كۆڭلى غەش بولۇپ قالدى. ئىچىدە: «ئاھ، كاشكى مېنىڭمۇ ئانام ھايات بولغان بولسا، دۈمبەمگە يۈدۈپ ھەجگە ئېلىپ بارماسمىدىم» دەپ ئويلىدى ۋە ئارقىدىنلا: «تەۋبە خۇدايىم! سېنىڭ تەقدىرىڭگە قارشى چىقىپ، كاشكى ئۇنداق ئەمەس، مۇنداق بولسىچۇ دەپ ئويلاشقا نېمە ھەققىم؟ مېنى كەچۈرگىن!» دەپ پىچىرلىدى.

يۇنۇس:

— بولدى، بۇ گەپلەرنى دېيىشمەيلى، كېلەر ـ كەلمەي سېنىڭمۇ كۆڭلۈڭنى بۇزدۇم. مەندىن رازى بولغىن ئاغىنە! بىرەر ھاجىتىڭ بولسا، چوقۇم مېنى ئىزدىگىن، بولامدۇ؟ ئەمىسە قايتىپ كەلگىنىڭدە كۆرۈشەيلى، ـ دېدى.

ئۇلار قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى. يۇنۇس ئۆمەرنىڭ ئارقىسىدىن قارىسى يۈتكۈچە قاراپ تۇردى. ئۇ بۇ يىگىتنى تولىمۇ ياقتۇراتتى. بۇ ئەسنادا، نۇرتەن ئاستاغىنە يۇنۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ:

— مېنى ئۇنتۇپلا كەتتىڭغۇ؟ كىم ئۇ؟ ـ دەپ سورىدى.

— ئاغىنەم. ئىسمى ئۆمەر فارۇق. ئەسكەرلىككە ماڭماقچى ئىكەن، ـ دەپ جاۋاب بەردى يۇنۇس.

— نېمىشقا ماڭىمۇ تونۇشتۇرۇپ قويمايسەن، خېلى كېلىشكەن يىـگىتكەن جۇمۇ.

— ئۇ دىندار بىرى.

— بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ بىز دىنسىزمۇ ئەمىسە؟

— ئۇ بىزگە ئوخشاش ئاتالمىش ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي دىندارلاردىن.

يۇنۇس شۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقىنىدا، كۆزىدىن ئىككى تامچە ياشنىڭ سىرغىپ چۈشكىنىنى سەزمىگەنىدى.

*  *  *  *  *

ئۆمەر فارۇق ئەسكەرلىككە كەتكىلى ئالتە ئاي بولۇپ قالدى، پۇلى تۈگىگەچكە قىينىلىپ قېلىۋاتاتتى. ھەدىسى بىلەن يېزنىسى ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك بىر قېتىممۇ ئىزدەپ ـ سوراپ قويمىدى. ئۆمەر ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىرىنىمۇ قامدىيالمايۋاتتى. مەسىلەن، ساقال ئالماقچى بولسا، سۇخانىغا كىرىۋېلىپ، قەستەن ئۇنى ـ بۇنى قىلغان بولۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشاتتى ۋە ياتاقداشلىرى ئۇيقۇغا كەتكەندىن كېيىن، ئەخلەت تۇڭىغا تاشلىۋېتىلگەن برىتىۋالارنى ئېلىپ ئىشلىتەتتى. ئۇ ئەمدى چايخانىغىمۇ كىرمەس بولدى. چۈنكى ھەر قېتىمدا باشقىلارنىڭ پۇلىغا چاي ئىچىۋېرىشكە بولمايتتى. ئۆمەر بۇنچە قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشىگە قارىماي، ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلىشىش ئۈچۈن، پۇرسەت بولسىلا، ھەتتا قاراۋۇللۇقتا تۇرغاندىمۇ پەرۋەردىگارىنى زىكىر قىلاتتى.

بۇ كۈنلەردە، يۇنۇسنىڭ تويىغىمۇ ئىككى كۈن قالغانىدى. نۇرتەن: «تويدا شامپان ئاچمىساق بولمايدۇ» دەپ يۇنۇسنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتاتتى. يۇنۇس باشتا قوشۇلمىغان بولسىمۇ، نۇرتەننىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىشى بىلەن ئاخىرى ماقۇل بولدى. يۇنۇس بۈگۈن كەچلىك تاماقتىن كېيىن، مومىسىنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى ۋە:

— جېنىم موما؟ قانداق ئەھۋالىڭ؟ ـ دەپ سورىدى. جەمىلە موماي ئادەتتە ھۇجرىسىدىن ھېچ چىقمايتتى. ئۇ نەۋرىسىگە مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ:

— خۇداغا شۈكرى، ياخشى تۇرۇۋاتىمەن. كۈنلىرىم ۋۇسلەتنى كۈتۈش بىلەن ئۆتۈۋاتىدۇ، ـ دەپ جاۋاب بەردى.

— ئۇ كىم؟ بۇ ئىسىمنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم.

— ۋۇسلەت ـ ئۇچرىشىش دېمەكتۇر، ـ دەپ جاۋاب بەردى جەمىلە موماي كۈلۈمسىرەپ.

— كىم بىلەن ئۇچرىشىسەن؟ ساناتورىيەدىكى بىرىمۇ يا؟

— توۋۋا دېگىن ئوغلۇم! مەن ئاشىقلارنىڭ ئاشىقىدىن سۆز ئېچىۋاتىمەن.

يۇنۇسنىڭ يادىغا دەرھال ئۆمەر فارۇق كەلدى ـ دە:

— ھە، ئەمدى چۈشەندىم، ـ دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

— بىلەمسەن؟ مېنىڭ بىر ئاغىنەم بار، ئۇمۇ خۇددى ساڭا ئوخشاش گەپلەرنى قىلىدۇ.

— ئۇ ھازىر نەدە؟

— ئەسكەرلىككە كەتتى. موما مېنىڭ تويۇمغىمۇ ئىككى كۈن قالدى. بۇندىن كېيىن سېنى ھەر كۈن كۆرۈپ تۇرالمايدىغان بولدۇم.

— ئاللاھ ئاقىۋىتىنى خەيرلىك قىلسۇن! تۇرمۇش قۇرۇش خۇشاللىنارلىق ئىش. ئەمما ئەڭ مۇھىمى ئائىلىنىڭ ئۇلى مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك.￿ چۈنكى ئائىلە مۇستەھكەم بولسا، جەمئىيەتمۇ مەزمۇت بولىدۇ.

— مەزمۇت ئائىلە قانداق قۇرۇلىدۇ؟

— ئالدى بىلەن توي قىلىشتىكى مەقسەت ئېنىق بولۇشى كېرەك. جېنىم بالام! نېمە ئۈچۈن توي قىلغىنىڭ تولىمۇ مۇھىم. ئەگەر نىكاھتا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىسەڭ ۋە ئۇلىنى بۇ ئاساستا قۇرۇپ، تاملىرىڭنى ھەق تائالانىڭ پرىنسىپلىرى بىلەن قوپۇرۇپ، سۈننەت سۇۋاقلىرى بىلەن سۇۋىساڭ، مەزمۇت ئائىلە دېگەن شۇ. مەزمۇت ئائىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن يەنە بىرى شۇكى، بۇ ئائىلىگە تامنىڭ ئۇلىنىى كولايدىغان ئەمەس، بەلكى تەمكىن، ئائىلىسىنى ھەر ۋاقىت قوغدايدىغان بىرى كىرىشى كېرەك.

— سۆزلىرىڭنى چۈشەندىم، ئۆمەر فارۇقتىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىغانىدىم.

— ئۆمەر فارۇق كىم؟

— ئەسكەرلىككە كەتكەن ھېلىقى ئاغىنەم. ئەمما مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمەيۋاتقان بىر ئىش بار. بىز نېمە ئۈچۈن بەزى ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ قىلمايمىز ياكى قىلالمايمىز؟

— نېمىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىسەن؟

— ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى.

جەمىلە موماي چوڭقۇر بىر ئۇھسىنىپ:

— ھەي جېنىم بالام! بىلىش باشقا، ئىمان ئېيتىش باشقا. بىلىم باشقا، ئاڭ باشقا. ئىنساننىڭ بىلىمى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشمىگىچە، ئۇ بىلىملىرىنىڭ بىر تىيىنلىق قىممىتى يوق.

— توغرا دەيسەن موما، مەن شۇ توينى بىر ئۆتكۈزىۋالسام، نامازنى باشلايتتىم.

— ئوغلۇم! بىزنى دەل مۇشۇ «بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويۇش» كېسىلى تۈگەشتۈرۈۋەتتى. ئوقۇشۇم پۈتسۇن، ئۇ ئىشىم تۈگىسۇن، بۇ ئىشىم تۈگىسۇن، ئەتە بولسۇن... دەيسەن، شۇنداق قىلىپ، قىلماقچى بولغان ئىشىڭنى تېخى باشلىماي تۇرۇپلا، «چاقىرىلمىغان مېھمان»نىڭ قاچانلاردا كېلىپ قالغىنىنى بىلمەي قالىسەن.

— ئۆلۈمنى دېمەكچىمۇ سەن؟

— شۇنداق. ھەزرىتى ئەلى مۇنداق دېگەن: «تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتى، ئەتە تېخى قاراڭغۇ. سەن بۈگۈننىڭ قىممىتىنى بىل!»

يۇنۇس چىقماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى. مومىسىغا قاراپ:

— موما! ھەيرانمەن، سەن بىلگەنلىرىڭنى نېمىشقا دادام بىلەن تاغامغا ئۆگەتمىدىڭ؟ ئۇلار نېمىشقا ساڭا ئوخشاش دىندار ئەمەس؟

يۇنۇسنىڭ بۇ سۆزلىرى جەمىلە موماينىڭ يارىسىغا تۇز سەپتى. موماي چوڭقۇر ئۇھسىنىپ:

— ئۇلارنى تەربىيىلەشتە ئەلۋەتتە مېنىڭمۇ سەۋەنلىكلىرىم بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئىنسان خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل يالغۇز ئائىلە تەربىيىسىلا ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي مۇھىت، مائارىپ سىستېمىسى قاتارلىق ئامىللارمۇ ئىنسان خاراكتېرىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. داداڭنى ئۆيلەپ قويدۇق، لېكىن كېلىنىمىز داداڭنى توغرا يولغا باشلىيالمىدى ھەم باشلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

— نېمىشقا؟

— پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «توي قىلغاندا، دىندارلارنى تاللاڭلار!» دېگەن. ئاپاڭ داداڭغا ياتلىق بولۇش ئۈچۈن بېشىغا ياغلىقنى يېرىم بولسىمۇ چىگكەنىدى ۋە تويدىن كېيىن ئىسلامىي پرىنسىپلارغا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى، ئەمما ئۇنداق قىلمىدى.

— چۈشەندىم، تاغامچۇ؟

— تاغاڭنى ئالىي مەكتەپكە ئەۋەتسەك، دىنسىز بولۇپ قايتىپ كەلدى.

— بۇنداق دېمىگىن موما!

— بۇنداق دېيىش مەن ئۈچۈنمۇ ئاسان ئەمەس، لېكىن بۇ ئەمەلىيەت.

— تاغاملار ئەتە كەلمەكچى، ئۆزگەمۇ ئەرزۇرۇمدىن كېلىدىكەن... بولدى بۇ گەپلەرنى قويايلى، خەيرلىك كەچ موما!

— خەيرلىك كەچ بالام!

. . . . .

تۈركان خانىم گىرىم ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ پەرداز قىلىۋاتاتتى. بۇ ئەسنادا ئىشىك قوڭغۇرىقى چېلىندى. تۈركان يولدىشىغا:

— ئاكىف، ئىشىكنى ئېچىۋەتكىنە. قاق سەھەردە كىم كەلگەندۇ؟ بىنا خىزمەتچىسىدۇ ھەقىچان، ـ دەپ توۋلىدى.

ئاكىف ئەپەندى ئىشىكنى ئېچىپ، كۆزلىرىگە ئىشەنمەي، ھاياجان بىلەن ۋارقىرىۋەتتى:

— خانىم، قارىغىنە كىم كەپتۇ؟! ئەتىۋارلىق قىزىم ئۆزگە.

دادىسى قىزىنى قۇچاقلىدى، يۈگۈرۈپ كەلگەن تۈركان خانىممۇ قىزىغا ئېسىلدى ۋە:

— جېنىم قىزىم، تازىمۇ ۋاقتىدا كەلدىڭ. چۈنكى بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى يۇنۇس ئاكاڭنىڭ تويى بار. پۈتۈن ئىشنى تەق قىلىپ قويدى. چوقۇم بەك قىزىيدۇ، ـ دېدى.

ئۆزگە ئاپىسىنىڭ گەپلىرىگە ئانچە ئېرەڭشىپ كەتمىدى ۋە تېمىنى يۆتكىدى:

— مومام قانداق تۇرۇۋاتىدۇ؟ ئۇنى تولىمۇ سېغىندىم.

تۈركان خانىم جاۋاب بەردى:

— موماڭ تاغاڭنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئاغرىپ قاپتىكەن، ساناتورىيەدىن ئېلىپ كەلدۇق. ئۇ يەردە ئۆلۈپ ـ تارتىپ قېلىپ، مەتبۇئاتلاردا: «سوتچى ئەپەندىنىڭ ئانىسى ساناتورىيەدە ئۆلدى» دېگەن گەپنىڭ تارقىلىشىدىن قورقتۇق.

ئۆزگە ئاپىسىنىڭ سۆزلىرىدىن يىرگىنىپ كەتتى. ئەرزۇرۇمدىكى نۇرجان ھەدىنىڭ: «بۇرۇنلاردا ئانىلار بېشىمىزنىڭ تاجى ئىدى، ئەمدىلىكتە يۈك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ ئاتالمىش مەدەنىيەت، بۇ ئىدىيە بىزگە نەدىن يۇقتى؟» دېگەن سۆزلىرى ئېسىگە كەلدى.

ئۆزگە خىيالغا بېرىلىپ كەتكەچكە، ئاپىسىنىڭ سۆزلىرى قۇلىقىغا كىرمەيۋاتاتتى. ئاپىسىنىڭ:

— ئۆزگە، ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن. نېمە بولدۇڭ، مىجەزىڭ يوقمۇ؟ ـ دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئېسىگە كەلگەن ئۆزگە:

— ياق، بەك چارچاپ كەتكەن ئوخشايمەن. يۇيۇنۇپ چىقىپ ئارام ئالاي، ـ دېدى.

— شۇنداق قىلغىن، ئارام ئېلىۋالمىساڭ بولمايدۇ. ئەتە بازارغا چىقىپ، ساڭا تويدا كىيىدىغان كىيىم ئالىمىز تېخى. شۇنداق بىر ياسانغىنكى، خەقلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتەيلى.

ئۆزگە يەنىلا ئۆز خىيالى بىلەن بەنت بولغاچقا، ئاپىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىدى.

— دېمەك، مەتبۇئاتنىڭ سۆز ـ چۆچەك قىلىشىدىن قورقتۇڭلار ـ ھە؟! ـ دەپ پىچىرلىدى.

— ئەلۋەتتە، قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەتتىن خۇدايىم ساقلىسۇن. بۇ خەق تۈگمىدەك ئىشنى تۆگىدەك كۆرسىتىپ، ئىنساننى يۈز كۆتۈرۈپ يۈرگۈسىز قىلىۋېتىدۇ.

— شۇنداقمۇ؟

— ئەلۋەتتە شۇنداق.

— مەتبۇئاتنىڭ بىتەرەپ ئورۇندا تۇرماي، ھەق ـ ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇپ يازىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە نېمىشقا گېزىت ئوقۇيسەن؟

— بىر كۈن گېزىت ئوقۇمىسا بىئارام بولۇپ كېتىدىغان ئادەم سەنمۇ، مەنمۇ؟

— مەن گېزىت ئوقۇمايلى دېمىدىم. يالغان خەۋەر يازمايدىغان گېزىت بولسا، شۇنى ئوقۇيلى دەۋاتىمەن.

— ئۇنداق گېزىتنى نەدىن تاپىمىز؟ بەزى گېزىتلەر دىن تەرەپدارى، بەلكىم ئۇلار يالغان يازماس، كىم بىلىدۇ...

— ئۇنداقتا، بىزنىڭ ئوقۇغانلىرىمىز دىنسىزلارنىڭ گېزىتىمۇ؟ نېمانداق غەلىتە گەپ قىلىدىغانسەن، گېزىتنىڭمۇ دىندارى، دىنسىزى بولامدۇ؟

دەل شۇ پەيتتە، ئۆزگەنىڭ دادىسى كىرىپ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى:

— مەن سىرتقا چىقىمەن، ئەتە يالوۋاغا بارىمىز، تەييارلىق قىلغاچ تۇرۇڭلار.

دادىسى ئۆزگەنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويۇپ:

— ياخشى ئارام ئالغىن قىزىم، كەچتە كۆرۈشەيلى.

— خوش دادا.

. . . . .

ئەتىسى كەچقۇرۇن.

ئۆزگەنىڭ ئائىلىسى يولغا چىقىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتاتتى. ئۆزگە ئۇزۇن كۆينىكىنى كىيدى، چاچلىرىنى پاسون چىقارماي تاراپلا ئارقىدىن بوغۇۋالدى ۋە يولدا ئوقۇش ئۈچۈن سومكىسىغا ئىككى پارچە كىتاب سالدى. ئۇ تەييارلىنىپ بولۇپ، ھۇجرىسىدىن چىقىشىغا ئاپىسى كۆرۈپ:

— قىزىم، ئىشتان كىيگەن بولساڭچۇ، يولدا قىينالمايتتىڭ، ـ دېدى.

— بۇ كىيمىم تېخىمۇ راھەت، ـ دەپ جاۋاب بەردى ئۆزگە. دادىسى گەپكە ئارىلىشىپ:

— قىزىمنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغما، نېمىنى خالىسا شۇنى كىيسۇن! ـ دېدى.

ئۆزگە دادىسىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزىچە ئۈمىدلەندى. ئۇلار يولغا چىقتى. تاكسىنىڭ ئارقا تەرىپىدە ئولتۇرغان ئۆزگە سومكىسىدىن كىتابىنى چىقىرىپ ئوقۇشقا باشلىدى. تۈركان خانىم ۋە يولدىشى: «نېمە ئوقۇۋاتقاندۇ؟» دېگەندەك، باشلىرى بىلەن بىر ـ بىرىگە ئىشارەت قىلىشتى. دادىسى:

— نېمە كىتاب ئوقۇۋاتىسەن قىزىم؟ ـ دەپ سورىدى.

ئۆزگە بېشىنى كۆتۈرۈپ:

— ئىنسان خاراكتېرى ھەققىدە يېزىلغان پسىخولوگىيە كىتابى، ـ دېدى.

— مەزمۇنىنى بىزگىمۇ سۆزلەپ بەرگىنە، يولدا زېرىكمەي پاراڭلىشىپ ماڭارمىز.

— بۇ كىتابتا ئاساسلىقى ئىنسان ۋە كىملىك ھەققىدە مۇلاھىزىلەر بايان قىلىنغان.

تۈركان خانىم:

— كىملىك؟ ھەممىمىزنىڭ كىملىكى بارغۇ؟ ـ دېدى.

— سەن ئېيتقان كىملىك بىلەن بۇ كىتابتا بايان قىلىنغان كىملىك ئوخشىمايدۇ. چۈنكى بىز ھەقىقىي كىملىككە ئىگە ئەمەس.

— خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن، مەنچە ئۇنىۋېرسىتېتىلارنى كۆپەيتىش كېرەك، ـ دېدى دادىسى.

— دادا، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە سىتۇدېنتلارنىڭ سانى يىلدىن يىلغا كۆپەيمەكتە. مەنچە مەسىلە مەكتەپ سانى ۋە دىپلومدا ئەمەس، بەلكى مائارىپنىڭ سۈپىتىدە. تۈركان خانىم:

 — مائارىپ دېگەن مائارىپ، ھەرقانچە سۈپەتسىز بولسىمۇ، ھېچقاچان: «بىرگە بىرنى قوشسا ئۈچ بولىدۇ» دەپ ئۆگەتمەيدۇ، ـ دېدى.

— ئاپا، مائارىپ باشقا، بىلىم بېرىش باشقا. مەنچە...

دادىسى ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى:

— سەن كەلگەندىن بېرى پاراڭلاشقۇدەكمۇ پۇرسەت بولمىدى، ئەرزۇرۇم ھەققىدە بىزگە ھېچ گەپ قىلىپ بەرمىدىڭغۇ قىزىم؟

ئۆزگەنىڭ ئەرزۇرۇمدىكى كۈنلىرى تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتكەنىدى. دادىسىغا:

— ئۇ يەردە پەقەت ياتسىرىمىدىم، نۇرجان ھەدە ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ماڭا تولىمۇ كۆڭۈل بۆلدى، ـ دېدى.

— نۇرجان ھەدە دېگىنىڭ كىم؟ ـ دەپ سورىدى ئاپىسى.

— ئەرزۇرۇملۇق بىر ئوقۇغۇچى، بىز شۇ يەردە تونۇشقان. ئارىلاپ ئۇنىڭ ئۆيگە بېرىپ تۇرىمەن.

.....

ئۇلار يالوۋاغا يېتىپ بارغاندا، تاغىسىنىڭ ئۆيىدە جەمىلە مومايدىن باشقا ھەممەيلەن تولىمۇ ئالدىراش كۆرۈنەتتى. ئۇلار تۇنجى قېتىم ئوغۇل ئۆيلەۋاتقان بولغاچقا، پۈتۈن ئىشنى زىر ـ زەۋىرىگىچە ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشاتتى. ھەتتا ئۇ كۈنى ئېچىلىدىغان شامپانمۇ تەييار ئىدى.

كەچكە يېقىن ئۆزگە ۋە ئايشەن ئاپىلىرى بىلەن بىللە بازارغا چىقتى. ئۆزگە ئاددىي ۋە ئۇزۇن بىر كۆينەكنى تاللىدى. ئايشەن بولسا بەدەننىڭ ھەممە يېرى مانا مەن دەپلا كۆرۈنۈپ قالغۇدەك مودا كۆينەكتىن بىرنى ئالدى. تۈركان خانىم ئۆزگە ئالغان كۆينەكنى پەقەت ياقتۇرمىدى. لېكىن ئۆزگە: «ئۆزەمنى بازارغا سالامتىم؟ مەن مۇشۇنى ياقتۇردۇم» دەپ جاۋاب بەردى. ئۆزگە مومىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماي، ئۇنىڭغا ناھايىتى چىرايلىق لېچەكتىن بىرنى ئالدى.

كەچلىك تاماقتىن كېيىن، ئۆزگە مومىسىنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى ۋە:

— موما، قانداق ئەھۋالىڭ؟ ـ دەپ سورىدى.

— كەل قىزىم، كەلگىنە سېنى بىر قۇچاقلاي، سېنى تولىمۇ سېغىندىم.

ئۇلار قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. ئۆزگە مومىسىنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇردى.

— ياخشى تۇرۇۋاتقانسەن جېنىم موما؟ سېنى ئۇ نەس باسقان جايدىن قايتۇرۇپ كەلگىنىگە مىڭ شۈكرى. راستىمنى ئېيتسام، مېنىڭ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولغانىدى، ئەمما ساڭا ياردەم قىلىش قولۇمدىن كەلمەيتتى.

— ئۆزەڭ قانداق تۇرۇۋاتىسەن قىزىم؟

— ياخشى، سېنى بەك سېغىندىم شۇ.

جەمىلە موماي مېھرىبانلىق بىلەن ئېيتىلغان بۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلىمىغىلى ئۇزۇن بولغانىدى. بىردىنلا كۆڭلى بۇزۇلۇپ، كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى. دەل شۇ پەيتتە ئىشىك چېكىلىپ، يۇنۇس كىرىپ كەلدى.

— ئۆزگە، سەن بۇ يەردىمىدىڭ؟ خۇش كەپسەن، كىرسەم بولامدۇ؟ ـ دەپ سورىدى.

— رەھمەت. كىرىۋەرگىن! ـ دەپ جاۋاب بەردى ئۆزگە. 

يۇنۇس مومىسىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرەر ـ كىرمەي ئۆي تېلېفونى جىرىڭلىدى، ئاپىسى كىرىپ، سىمسىز تېلېفوننى يۇنۇسقا ئۇزاتقاچ:

— يۇنۇس ساڭا تېلېفون كەپتۇ. ۋاي ـ ۋۇي سىلەر بۇ يەردە نېمىلەرنى دېيىشىۋاتىسىلەر؟ ـ دەپ چىقىپ كەتتى. يۇنۇس:

— ئالو! مەن يۇنۇس.

قارشى تەرەپتىن:

— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ـ دېگەن ئاۋاز كەلدى.

— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئوھۇي، سەنمىدىڭ ئاغىنە؟! نەلەردە يۈرىسەن، يوقاپلا كەتتىڭغۇ؟!

— قانداق ئەھۋالىڭ؟

— رەھمەت، ياخشى. ئۆزەڭچۇ؟ ئەتە مېنىڭ تويۇم، مۇبارەكلەش ئۈچۈن تېلېفون قىلغان ئوخشىمامسەن؟

تېلېفون قىلغان ئۆمەر فارۇق بولۇپ، پۇلى قالمىغاچقا، ئىقتىسادتىن تولىمۇ قىينىلىپ كېتىۋاتاتتى. ئىلاجىسىز يۇنۇستىن قەرز ئالماقچى بولۇپ تېلېفون قىلغانىدى، يۇنۇسنىڭ توي توغرىسىدىكى گېپىنى ئاڭلاپ، قەرز سوراشتىن ۋاز كەچتى ۋە:

— شۇنداق، سەندىن ھال ـ ئەھۋال سوراش ئۈچۈن تېلېفون قىلغانىدىم، ئاللاھ تائالا تويۇڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى خەيرلىك قىلغاي! ـ دېدى.

ئۇلار بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن، تېلېفوننى قويۇۋەتتى. يۇنۇس مومىسىغا قاراپ:

— مەن ساڭا گېپىنى قىلغان بالا مۇشۇ. مەندىن ئەھۋال سوراپ تېلېفون قىپتۇ، ـ دېدى. جەمىلە موماي:

— بىرەر ئېھتىياجى بار ـ يوقلۇقىنى سورىمىدىڭغۇ؟!

— ئېھتىياجى بولسا، ئۆزى ئېيتاتتى.

— بەلكىم ئېيتالمىغاندۇ. پۇل ـ پۈچەك ئەۋەتىشنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟

— ياق. ھە راست، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىمۇ يوق ئىدى. مەن بۇنى نېمىشقا ئويلاشمىغاندىمەن؟! تويدىن كېيىن ئەۋەتىپ قويارمەن. موما، سەن ئەتە تويغا بارمامسەن؟

— مەن قانداقمۇ باراي ئوغلۇم؟! ئىشكاپ ئىچىدىكى بوتۇلكىنى كۆرۈپ، نەچچە كۈندىن بېرى قانچىلىك ئازابلانغانلىقىمنى ئۆزۈم بىلىمەن.

— سەن كۆرمەيدىغان يەرگە قويۇپ قويساقمۇ بوپتىكەن؟!

— ئۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ جان ـ جىگەرلىرىمنىڭ بىلىپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنى ئوتقا تاشلىشى يۈرەك ـ باغرىمنى پارە ـ پارە قىلىۋېتىپ بارىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ نېمە ئۈچۈن شەيتاننىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىمىز؟

— شەيتان بۇيرىغىنى يوق، بۇ بىزنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن بولۇۋاتقان ئىش.

— سەن بىلمەيسەن، شەيتان كېلىپ ساڭا: «مەن شەيتان بولىمەن، سېنى ئاللاھتىن، پەيغەمبەردىن يىراقلاشتۇرماقچىمەن. شۇڭا سەن ھاراق ئىچ، يېرىم يالىڭاچ يۈر، ناماز ئوقۇما، روزا تۇتما!» دېمەيدۇ، بەلكى ساڭا: «شۇ ئىشىمنى پۈتتۈرىۋېتىپلا قىلاي»، «تويۇمدىن كېيىن باشلاي» دېگەندەك ۋەسۋەسىلەرنى سالىدۇ ۋە ساڭا دېگىنىنى قىلدۇرىدۇ. نەتىجىدە، شەيتانغا يېقىنلاشقان كىشى ئاللاھتىن يىراقلىشىدۇ.

ئۆزگە قىزىقىپ سورىدى:

— ئۇنداقتا، ئاللاھ بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى توسالغۇ زادى نېمە؟

جەمىلە موماي نەۋرىسىنىڭ بۇ سوئالىدىن تولىمۇ سۆيۈندى، چۈنكى  بىر مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئاخىرىدا چوقۇم توغرا جاۋابقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

— ھەي... قىزىم! توسالغۇ جىق. تېخىمۇ توغرىسى توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنىدىغانلار كۆپ. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ خەتەرلىكى  يەنىلا ئۆزىمىز.

يۇنۇس ھەيرانلىق ئىلكىدە:

— قانداقسىگە؟ ـ دەپ سوئال قويدى.

جەمىلە موماينىڭ قەلبىدە ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى چاقناشقا باشلىدى. ئەجىبا، بالىلىرىنىڭ ئىنسابىنى تىلەپ قىلغان دۇئالىرى ئىجابەت بولۇۋاتقانمىدۇ؟

— ئاۋۋال قەلب دەرۋازىلىرىمىزنى ئىسلامغا كەڭ ئېچىشىمىز، چىن دىلىمىز بىلەن ئاللاھقا ئىخلاس باغلىشىمىز ۋە كۆڭلىمىزدىن زىت تۇيغۇلارنى چىقىرىپ تاشلىشىمىز كېرەك. مانا بۇ بىرىنچى قەدەم. ئىككىنچى قەدەمدە بولسا، ھەقىقىي، ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ بىلىم ئىگەللىشىمىز كېرەك.

ئۆزگە:

— موما! ئېيتقانلىرىڭدىن: «كىملىكىمىزنى بىلمەك ۋە ئۆزلۈكىمىزنى ياراتماق» دەپ خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ. ئەرزۇرۇمدىكى نۇرجان ھەدىمۇ دائىم: «مەن كىم، نېمە ئۈچۈن يارىتىلدىم، نەدىن كەلدىم ۋە نەگە بارىمەن؟... دېگەن سوئاللارغا توغرا جاۋاب تاپالىغان كىشى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ» دەيتتى، ـ دېدى.

يۇنۇس ئويچان ھالدا:

— مېنىڭ ئىچىمدە بىر بىئاراملىق بار. ئاۋۋال توينى ئۆتكۈزۈۋالاي، ئاندىن ئويلىغانلىرىمنى بىرمۇ بىر ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. نۇرتەنمۇ تويدىن كېيىن ھىجابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ـ دېدى.

ئۆزگە:

— يۇنۇس ئەپەندى، بۇ سۆزۈڭگە قوشۇلمايمەن. بىلىشىمچە، ئىبادەت دېگەن باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ئۈچۈنلا قىلىنىشى كېرەك. شۇنداقمۇ موما؟ ـ دېدى.

— توغرا قىزىم. بەزى ئاياللار ئېرىنىڭ ھەر بۇيرۇقىنى بىجا كەلتۈرگەن بىلەن، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن بىر تال مويىنىمۇ تەۋرىتىپ قويمايدۇ. ئېرىنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ھىجابلىنىش توغرا ئەمەس، ھەرقانداق قارارنى ئويلىشىپ چىقىرىش كېرەك.

ئۆزگە:

— موما! ئىچىمدە چۈشىنىكسىز، غەلىتە تۇيغۇلار بار. تېخىمۇ توغرىسى، تۇيغۇ ئەمەس، ئىچكى توقۇنۇش... بەلكىم بۇ توقۇنۇش پات يېقىندا بېسىقىپ قالار.

— ئىنشائاللاھ، قىزىم!

يۇنۇس:

— تاغام بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قالمىسۇن ـ ھە، ـ دېدى.

ئۆزگە قەتئىي تەلەپپۇزدا:

— ياق، مەن بىر قارارغا كەلسەملا، باشقىسى مۇھىم ئەمەس، ـ دېدى.

جەمىلە موماي:

— قىزىم! ئىچىڭدىكى بۇ توقۇنۇشلار تا ئۆلگىچە بېسىقمايدۇ، جان تەندىلا بولىدىكەن، ئىنساننىڭ ئىچىدىكى توقۇنۇشلارمۇ تۈگىمەيدۇ.

— پەقەتلا تۈگىمەسمۇ؟ ـ دەپ سورىدى ئۆزگە.

— ياق، تۈگىمەيدۇ.

— ئەمىسە تۈگىشىپتىمەن ـ دە؟!

— نېمىشقا؟

— چۈنكى مەن بۇ ئازابقا ئۆمۈر بويى بەرداشلىق بېرەلمەيمەن.

— سەن ئىچكى ھۇزۇرغا ئېرىشمەكچى بولساڭ، ئالدى بىلەن ئىچىڭدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەردىن بىرنى تاللىشىڭ كېرەك. نەپسڭنى تاللىمىساڭلا، ئىچىڭدىكى توقۇنۇش ھۇزۇرغا ئايلىنىدۇ. سەن ھازىر تېڭىرقاش ئىچىدە تۇرۇۋاتىسەن. ئىماننى تاللاي دېسەڭ، كۆز ئالدىدىڭغا مال ـ دۇنيا، مەكتەپ، ئۆتكۈنچى ھەۋەسلەر، ئورۇن ـ مەنسەپلەر كېلىدۇ. ئەگەر بۇلارنى تاللىساڭ، يەنە بىر تەرەپتە تۇرغان ئاخىرەت، قەبرە، جەھەننەم، ھېساب، سىرات قاتارلىقلارنى چەتكە قايرىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ؟

— ئېيتقانلىرىڭ پۈتۈنلەي توغرا، كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى قىلدىڭ. بۇلارنى قانداق بىلىۋالدىڭ؟...

يۇنۇس گەپنى بۆلدى:

— مەن چىقاي، بۇ گەپلىرىڭلارنى ئاڭلاۋېرىپ بىر قىسما بولۇپ قېلىۋاتىمەن. ئەڭ ياخشىسى ئاڭلىمايلا قوياي. بولمىسا، تويىمىز بولىدىغان ۋاقىتتا نۇرتەندىن ئايرىلىپ قېلىپ ئولتۇرماي.

ئۆزگە:

— يۇنۇس ئەپەندى، ئەرزۇرۇمدىكى ۋاقىتتا مەن خۇددى سەندەك ئويلايتتىم. بىر قېتىم نۇرجان ھەدە ماڭا: «قۇياشنى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولمىغاندەك، ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇۋالغىلىمۇ بولمايدۇ. قۇياش نۇرىنى كۆرۈشنى خالىمىغانلار ئۆزىنى قاراڭغۇ زۇلمەتكە مەھكۇم قىلىدۇ. بىر ئىنسان بەلكى ئىسلامىي ھەقىقەتنى، ئاخىرەتنى، قەبرە ئازابىنى ئىنكار قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ ئىنكار قىلىشى بىلەن ھەقىقەت يوقاپ كەتمەيدۇ. بۇنداق ئىنسان پەقەت ئۆزىگىلا زۇلۇم قىلغان بولىدۇ» دېگەنىدى. بۇ گەپلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلىدىڭمۇ؟ ـ دېدى.

— ياق، مەن نەدىن بىلەي.

— بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئالداپ كېلىۋاتىمىز دېمەكچى.

— قانداقسىگە؟

— قانداقسىگە بولاتتى؟ سەل قاراۋاتىمىز. سەل قاراش بىلەن مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلدۇق دەپ ئويلايمىز، لېكىن ئاللاھ بىزنىڭ رايىمىزغا ئەمەس، بەلكى ئۆز قانۇنىغا ئاساسەن ھېساب سورايدۇ.

— ھېساب سورامدۇ؟

— شۇنداق. مەنچە بولغاندا، ئەڭ توغرىسى بۇ.

— قانداق دەيسەن؟

— ئەسلىدە ئازراق پىكىر يۈرگۈزگەن كىشى بۇنىڭ تېگىگە يېتەلەيدۇ. كائىناتتىكى پۈتۈن جانلىق ۋە جانسىز شەيئىلەر يەنى يۇلتۇزلار، قۇياش، شامال قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان. ئىنسان — جانلىقلار ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي مەخلۇق. مەن بىر كىتابتىن مۇنداق ئوقۇغانىدىم: «ھەر كىشى ئېرىشكىنىنىڭ ئاز ـ كۆپلۈكىگە قاراپ بەدەل تۆلەيدۇ. يەنى ئېرىشكىنى قانچە كۆپ بولسا، تۆلەيدىغان بەدىلىمۇ شۇنچە ئېغىر بولىدۇ.» دېمەكچى بولغىنىم، ئاللاھ بىزدىن پەقەت ئۆزىگىلا قۇللۇق قىلىشىمىزنى ھەمدە قۇللۇقنىڭ ئۆزىمىز بىلگەنچە ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

— چۈشەنمەي تۇرۇپ، قارا ـ قويۇق قوبۇل قىلىشقا بولمايدىكەن ـ دە؟

— شۇنداق. بىزدە دىنىي ئىلىملەرنى ئوقۇماي، چۈشەنمەي تۇرۇپلا، ئۇ يەر ـ بۇ يەردىن ئاڭلىۋالغانلىرى بويىچە ئورۇنداپ كېلىۋاتقانلار كۆپ.

— مەن ئەمدى چىقاي. سەنمۇ خېلى يېتىشىپ قاپسەن جۇمۇ.

— مەنمۇ سەل تۇرۇپ چىقىمەن. شۇنى ئۇنۇتمىغىنكى، ئاخىرقى غەلىبە ھەر زامان سىستېمىلىق تەربىيە ئالغان ۋە جاپالىق چېنىققانلارغا مەنسۇپ، ھەرگىزمۇ جاپادىن قورقۇپ قاچقانلارغا ئەمەس.

يۇنۇس چىقىپ كەتتى. ئۆزگە مومىسىنىڭ يۈزلىرىنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيۇلغانلىقىنى كۆردى. ئۇ مومىسىغا ئالغان سوۋغاتنى بەردى. جەمىلە موماي تولىمۇ تەسىرلەنگەن ھالدا:

— قىزىم! ئاللاھ سېنى ھەزرىتى ئاسىيە ۋە ھەزرىتى مەريەملەرگە قوشنا قىلسۇن! ـ دېدى.

— ئامىن! ھە راست موما، ئەتە كەچتە تويغا بارمامسەن؟

— مەن قانداقمۇ باراي قىزىم؟ تۇنجى نەۋرەمنىڭ تويى بولغان تەقدىردىمۇ ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان يەرگە نېمىدەپ بارىمەن؟

— كۆڭلۈڭنى چۈشىنىمەن موما. نۇرجان ھەدە بىر قېتىم: «ئەگەر پەيغەمبىرىمىز كېلىپ، سەن بىلەن تونۇشماقچى بولسا، سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دوستلىرىڭنى، تۇرار جايىڭنى، ئۆيۈڭنى، ھەتتا كىيىم ئىشكابىڭنى قىلچە ئىككىلەنمەي كۆرسىتەلەمسەن؟» دېگەنىدى.

— تولىمۇ ئورۇنلۇق گەپ قىپتۇ.

— شۇنداق. ئۇ دائىم شۇنداق ئورۇنلۇق گەپلەرنى قىلىدۇ. مەسىلەن، بىر قېتىم مۇنداق دېگەنىدى: «ئەگەر ئۆزەڭلار ياخشى كۆرىدىغان بىرىدىن مەكتۇب كەلسە، دەرھال ئېچىپ ئوقۇماي، بىر نەچچە كۈندىن كېين ئوقايچۇ دەپ، تاشلاپ قويامسىلەر؟ ئەگەر ئۇ مەكتۇب سىلەر بىلمەيدىغان تىلدا يېزىلغان بولسا، مەزمۇنىنى بىلىشكە تىرىشماي تاشلاپ قويامسىلەر ياكى ئۇ تىلنى بىلىدىغان بىرىنى چاقىرىپ ئوقۇتامسىلەر؟ ئەلۋەتتە، ئۇ تىلنى بىلىدىغان تەرجىمان ئىزدەيسىلەر. ئەمدى ئۆزەڭلاردىن سوراپ كۆرۈڭلار، نېمە ئۈچۈن ئاللاھتىن كەلگەن مەكتۇبنى قولۇڭلارغا ئېلىپ قويمايسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن تەرجىمان ئىزدىمەيسىلەر؟ ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن قىزىقمايسىلەر؟ نېمىشقا مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيسىلەر؟ ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭلاردىن كەلگەن مەكتۇبچىلىك قىممىتى يوقمۇ؟ نېمىشقا ئۇنىڭغا ئېتىبار بەرمەيسىلەر؟ بۇنىڭ ھېسابىنى قانداق بېرىسىلەر؟ ياكى ئۆلمەيمىز، ھېسابقا تارتىلمايمىز دەپ ئويلامسىلەر؟»

— ئاللاھ ئۇنىڭدىن مىڭ مەرتىۋە رازى بولسۇن!

— ئامىن! موما، بىلەمسەن؟ مەن ئەمدى ئىشتان كىيمەيمەن ھەم يېقىندا ھىجابقا كىرىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.

جەمىلە موماي ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۆزگەگە قارىدى:

— راستمۇ قىزىم؟ قايتا دېگىنە، خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن؟

— ياق، خاتا ئاڭلاپ قالمىدىڭ، ـ دېدى ئۆزگە ۋە مومىسىدىن رۇخسەت ئېلىپ، ھۇجرىدىن چىقتى. دۇئالىرىنىڭ ئىجابەت بولغانلىقىدىن دىلى سۆيۈنگەن جەمىلە موماي كۆزلىرىگە لىق ياش ئالغان ھالدا ئۆزگەنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدى.

*  *  *  *  *

ئەتىسى...

توي كۈنى بولغاچقا، ئۆي ئىچى تولىمۇ ئالدىراش ئىدى. كېلىننى ياساندۇرۇش ئۈچۈن پەردازخانىغا ئېلىپ بارىدىغان ماشىنىمۇ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ بولغانىدى. ئۆزگەدىن باشقا ئاياللار چۇرقىراشقىنىچە ماشىنىغا چىقىشتى. تۈركان خانىم قىزىغا:

— قىزىم، تېز بولغىن، ھەممەيلەن سېنى ساقلاپ قالدۇق، ـ دەپ ۋارقىرىدى.

ئۆزگە جاۋابەن:

— مېنىڭ بارغۇم يوق، گىرىمنى ئۆزەم قىلىمەن، ـ دېدى.

— نېمىشقا قىزىم؟

— پەقەتلا بارغۇم يوق.

تۈركان خانىم بېشىنى چايقىغىنىچە:

— ساڭا ئەرزۇرۇمنىڭ ھاۋاسى ياقمىغان ئوخشايدۇ، بىر قىسمىلا بولۇپ قاپسەن، ـ دېدى.

نىھايەت، توي باشلاندى. ئۆزگە ئاپىسىنىڭ زورلىشىغا قارىماي پەرداز قىلمىدى. توي زالىغا كىرگىنىدە، ھاراق ـ شاراپنىڭ بەدپۇرىقى زالنى بىر ئالغانىدى. ئۆزگە ئۆزگىرىش يولىدا ئىچىدىن سېسىشقا باشلىغان جەمئىيەتكە، زامانىۋىلىشىش يولىدا ئەسلىنى ئۇنۇتقان مەدەنىيەتكە، ئۆزلۈكىنى يوقاتقان نادان كىشىلەرگە، قىسقىسى، پۈتۈن يات نەرسىلەرگە ئىچىدە لەنەت ئوقۇدى.

ئۆزگە زالنىڭ ئىچىگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ مۇۋاپىق بىر يەرگە بېرىپ ئولتۇردى. ئايشەننىڭ ئاپىسى تولىمۇ چاكىنا كىيىنىۋالغان، كېلىنىمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە ياسانغانىدى. توي ئۇسسۇل بىلەن باشلاندى، ئۇسسۇل ئويناش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چۈشۈۋالغان ئادەملەر ھەررەڭ ـ سەررەڭ قىلىقلارنى قىلىشىپ، ئوڭ ـ سولغا ئېغاڭلىشاتتى.

ئۆزگە كۆڭلىدىن: «پەرۋەردىگارىم! شۇ تاپتا سەن مەندىن رازىمۇ؟ بۇ تويدىن، بۇ نىكاھتىن، بۇ قالايمىقانچىلىقتىن رازىمۇ؟» دېگەنلەرنى ئۆتكۈزدى ۋە ئارقىدىنلا ئۆز سوئالىغا ئۆزى جاۋاب بەردى: «ياق، ياق... ئاللاھ ئۆزى بەلگىلىگەن دائىرە ئىچىدىكى ئىشلاردىن رازى بولىدۇ. بۇ ئىشلاردىن رازى بولۇشى ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس.» تۇرۇپلا ئۆزگەنىڭ كۆڭلى ئېلىشتى، چىشىنى چىشلەپ ئۇسسۇلنىڭ تۈگىشىنى كۈتتى. ئۇسسۇل تۈگىگەندە يېنىغا كەلگەن دادىسىغا:

— دادا، ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويغىنە، كۆڭلۈم ئېلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. يولنىڭ ھاردۇقى تېخى چىقمىغان بولسا كېرەك، ئارام ئالغۇم كېلىۋاتىدۇ، ـ دەپ يالۋۇردى. دادىسى خالار ـ خالىماس قوشۇلدى. ئايالىغا ئۆزگەنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۆزگە دادىسىغا:

— خۇشال ئويناپ قايتقايسىلەر، ـ دېدى ۋە ئۆيگە كىرىپ، ئۇدۇل مومىسىنىڭ ھۇجرىسىغا قاراپ ماڭدى. جەمىلە موماي نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، دۇئا قىلىۋاتاتتى. دۇئاسىنى تۈگىتىپ: «ئامىن!» دەپ يۈزىنى سىيپىدى، ئاندىن بۇرۇلۇپ:

— ئۆزگە، سەنمىدىڭ قىزىم؟ كەل، جېنىم بالام! مەن سېنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم، ـ دېدى.

ئۆزگە يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە، مومىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلدى ـ دە، ئېسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى. قانغۇچە يىغلىۋالغاندىن كېيىن، بېشىنى كۆتۈرۈپ:

— يېنىپ كېلىدىغانلىقىمنى قانداق بىلدىڭ موما؟ ـ دەپ سورىدى. جەمىلە موماي جاۋابەن مۇنداق دېدى:

— قىزىم، ئىنسان قەلبىدە ئىمان ئۇچقۇنى چاقنىدىمۇ، ئۇ يۈرەككە ئوت تۇتاشماي قالمايدۇ. مۇبارەك بولسۇن قىزىم، قۇتلۇق بولسۇن، يولۇڭ ئوچۇق بولسۇن، ئاللاھ ساڭا يار ـ يۆلەك بولسۇن!

ئۆزگە كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، ئورنىدىن تۇردى ۋە تاھارەت ئالغىلى ماڭدى. بىردىنلا يادىغا داڭلىق شائىر نەجىب فازىلنىڭ بىر پارچە شېئىرى كەلدى. ئۆزگە دەسلەپ ئوقۇغان چېغىدا ئانچە ئاڭقىرىپ كېتەلمىگەن بۇ شېئىرنىڭ مەنىسىگە مانا ئەمدى يەتكەنىدى:

ئۈچ قەۋەتلىك ئۆيىمىزنىڭ ئەڭ ئۈستىدە،

قولىدا تەسبىھ سىيرىپ يىغلار مومام.

ئورتا قەۋەتتە ئوينار ئاپام ۋە ئاشنىلىرى،

ئەڭ ئاستىدىن ئاڭلىنار سىڭلىمنىڭ ناۋالىرى.

قۇرتلاپ كەتكەن ئېرىمچىكتۇر توغرىغىنىم،

كېلىڭ دوستلار، بۇ ئوچۇق تىياتىرنى كۆرۈڭلار!

بىر تۈپ دەرەخ بۇ گويا تاقاشقان ئۇپۇققىچە،

كۆكى ئىپپەت، شاخلىرى تەقلىد، مېۋىسى بولسا پاھىشە.

*  *  *  *  *

ئۆمەر فارۇق تولىمۇ جۈدەپ كەتكەنىدى. ئۇ بازارغا چىقماس، ئاشخانا تەرەپكىمۇ يولىماس بولدى. بىرلا يېرى، دوستلىرى بىلەن چايخانىدا ئولتۇرۇش توغرا كەلمىگەن بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ ئوبدان بولاتتى. شۇ نامسىز كونۋېرتتا قەرەللىك ئەۋەتىلىپ تۇرۇۋاتقان ئازغىنە پۇل بولمىغان بولسا، بۇ كەمگىچە قانداقمۇ قىلاتتىكىن ـ تاڭ؟ ئۆمەر بۇ نامسىز كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى پەقەتلا بىلەلمىدى. ئۇ ئەسكەرلىككە كەلگەندىن بېرى، ھەدىسى بىلەن يېزنىسى ئىزدەپ ـ سوراپمۇ قويمىدى. ئەجىبا، پۇلنى ئۇلار ئەۋەتكەنمىدۇ؟ ئەمما كونۋېرت ئىچىدىكى قەغەزگە يېزىلغان خەت: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!» بىلەن باشلىنىپ: «قېرىندىشىم، بۇ پۇل ساڭا ھالالدۇر، خاتىرجەم خەجلىگىن» دېگەن جۈملىلەر بىلەن ئاخىرلىشاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پوچۇركىمۇ ئۆمەرگە يات ئىدى.

ئەنە شۇ خىياللار بىلەن ئولتۇرغان ئۆمەر فارۇق ياڭراتقۇدىن ئۆز ئىسمىنىڭ چاقىرىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن دەس تۇردى. بۈگۈن ئائىلىلەر بىلەن كۆرۈشۈش كۈنى ئىدى. ئۆمەر يۈرىكىنىڭ ھاياجان ئىلكىدە دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئەجىبا، ھەدىسى يوقلاپ كەلگەن بولغىيمىدى؟ قوبۇلخانىغا ئوقتەك يۈگۈرگىنىچە كىرىپ كەلگەن ئۆمەر فارۇق ئەتراپقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېين، ئەڭ چەتتىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان بىرىنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغىنىنى كۆردى. كەلگەن كىشى مۇئمىن ئاكا ئىدى. ئۆمەر ھاياجىنىنى باسالماي قالدى، چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىنى چۇلغىۋالغىنى خۇشاللىقتىنمۇ ئۆتە بىر ھېسسىيات ئىدى. ئىككىسى ھەسرەت بىلەن قۇچاقلاشتى. مۇئمىن ئاكا ئېغىز ئېچىپ:

— سېنى جازالايمەن، ئەمما ھازىر ئەمەس. نېمىشقا بىزگە ئادرىسىڭنى ئەۋەتمىدىڭ؟  ـ دېدى. ئۆمەر ئىككىلەنگەن تەلەپپۇزدا ئېيتتى:

— مەن... كەچۈرۈڭ ئاكا. مېنى قانداق تېپىپ كەلدىڭىز؟

— ئۆيۈڭگە نەچچە قېتىم تېلېفون بېرىپ، ئادرىسىڭنى سورىغان بولساممۇ ئېيتىپ بەرگىلى ئۇنىمىدى. ئۇلارغىمۇ بىرلا پارچە خەت يېزىپسەن.

— جاۋاب خەت كەلگەن بولسا، يەنە يېزىشىم مۇمكىن ئىدى.

— ئاخىرى، تېلېفوننى ھەدەڭ ئالدى. مەن سېنىڭ دوستۇڭ ئىكەنلىكىمنى، ئىشەنمىسە سەندىن سوراپ باقسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئادرىسىڭنى دەپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. ئەسلىدە ئۇلار سېنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ ساڭا زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشۇمدىن قورققان ئوخشايدۇ.

— ئۇلارنىڭ قورقىدىغان ئىشى باشقا. بولدىلا، بۇلارنى دېيىشمەيلى. ھە، ئۆزىڭىز قانداقراق تۇرۇۋاتىسىز؟

— شۈكرى، ياخشى تۇرۇۋاتىمەن. دوستلىرىڭنىڭ ھەممىسى سالام ئېيتتى.

— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. شۇ تاپتا ھاياجىنىمنى تىلىم بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن!

— ئاللاھ ھەممىمىزدىن رازى بولسۇن! ئادرىسىڭ بۇرۇنراق تېپىلغان بولسا، سېنى بۇنداق تاشلىۋەتمىگەن بولاتتۇق. بەكلا جۈدەپ كېتىپسەن، ساڭىمۇ ئوڭاي ئەمەس. ئەسكەرلىك تۈگەيدىغانغا يەنە قانچىلىك قالدى؟

— يېرىمى تۈگىدى.

— ھەدەڭ بەزى سىرلىرىڭنى ئېيتىپ قويدى، راستىمنى ئېيتسام، سەندىن رەنجىدىم.

— نېمە بولدى، ئاكا؟ مەندىن ئۆتكەن يېرى بولسا كەچۈرۈۋېتىڭ.

— ياق، ئۇنداق ئوڭاي كەچۈرۈۋېتىدىغان ئىش يوق، ئەلۋەتتە شەرتىم بار. ئۇكام، ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىڭنى نېمىشقا ماڭا ئېيتمىدىڭ؟

ئۆمەر گەپ ـ سۆزسىز بېشىنى ئەگدى. مۇئمىن ئاكا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

— بىز قېرىنداش ئەمەسمۇ؟ ئاللاھ قۇرئاندا: «پەقەت ئىمان ئېيتقانلارلا بىر ـ بىرىنىڭ قېرىندىشىدۇر» دېگەن. سەنچە، قېرىنداشلىق پەقەت ياخشى كۈنلەر ئۈچۈنلىمۇ؟ يامان كۈندە ئەسقاتمىغان قېرىنداشلىقنىڭ نېمە پايدىسى؟ ھەدەڭنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، نەچچە كۈنگىچە گېلىمدىن تاماق ئۆتمىدى.

— كەچۈرۈڭ، ئاكا!

—  گەرچە بىز ئەنسار بىلەن مۇھاجىرلاردەك بولالمىغان ۋە ئۇ بۈيۈك ئىسلامىي قېرىنداشلىققا ئىگە بولالمىغان بولساقمۇ، بىز يەنىلا دوستمىز، قېرىندىشمىز. نېمىشقىمۇ ئۇنداق قىلغانسەن؟ بۇ چاغقىچە نېمە بىلەن جان باقتىڭ؟

ئۆمەر يەنە لام ـ جىم دېمىدى. دېمەك، ئۇ پۇللارنى مۇئمىن ئاكا ئەۋەتمىگەنىدى. ئاخىرى ئېغىز ئېچىپ مۇنداق دېدى:

— راست، بەكلا قىينالدىم. بۇ يەردە ئىزدەپ ـ سورايدىغان، خەت ـ چەك ئەۋەتىپ تۇرىدىغان بىرىنىڭ بولماسلىقى ئىنساننى ھەقىقەتەنمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن.

— پۇل ئەۋەتىدىغان ئادەم بولمىسا، تېخىمۇ تەس.

— بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن سىناق. سىز بىر قېتىم پەيغەمبىرىمىزنىڭمۇ يېگۈدەك نەرسە قالمىغاندا، قورسىقىغا تاش تاڭغانلىقىنى؛ مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ئۈچ يىللىق ئېمبارگوسى جەريانىدا ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئاچلىقتىن قىرىلىپ كەتكەنلىكىنى؛ بىر ساھابىنىڭ كوچىدىن تېپىۋالغان تۆگە تېرىسىنى سۇغا چىلاپ، بالىلىرىنى ئۈچ كۈنگىچە شۇ سۇ بىلەن باققانلىقىنى... سۆزلەپ بەرگەنىدىڭىز.

ئۆمەر بىردەم تۇرۇۋېلىپ سورىدى:

— ھە راست، مېنى قانداق شەرت بىلەن كەچۈرمەكچى ئىدىڭىز؟

— سۆزلىرىڭ مېنى تولىمۇ ھاياجانغا سالدى. شەرتكە كەلسەك، ئەسكەرلىكتىن قايتىپ، ئۇدۇل بىزنىڭ ئۆيگە كەلگىن. سەن كەلگىچە، ئاستىنقى قەۋەتنى ساڭا تەييارلاپ قويىمەن.

ئۆمەر ئېتىراز بىلدۈردى:

— قوبۇل قىلالمايمەن.

— نېمىشقا؟ چوقۇم قوبۇل قىلىشىڭ كېرەك. بولمىسا، سېنىڭ قېرىنداشلىقىڭدىن گۇمانلىنىپ قالىمەن. تېخى ئىسلام تارىخىدىن سۆز ئېچىۋاتىسەن. ئەنسار قېرىنداشلىقىنى ئەسلەپ باققىنە.

— توغرا، لېكىن ئەنسارلار پۈتۈن مال ـ دۇنياسىنى مۇھاجىر قېرىنداشلىرىنىڭ ئالدىغا يايغان بولسىمۇ، مۇھاجىرلار تەييارتاپلىقتىن قورقۇپ: «ماڭا بارازنى كۆرسىتىپ قويغىن» دېگەنىدى، شۇنداققۇ؟

— ئۇغۇ شۇنداق. ئەمىسە، ۋاقتىنچە ئۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۇرۇپ، ئىش تاپقاندىن كېيىن ئىجارىسىنى بېرەرسەن. سەنچە قانداق؟

— بولىدۇ، ئەمىسە كېلىشتۇق.

كۆرۈشۈش ۋاقتى توشتى. ئۆمەر ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلدى. مۇئمىن ئاكا قايتىش ئالدىدا ئۆمەرنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي، قولىغا بىر كونۋېرتنى تۇتقۇزۇپ قويدى. ئۇ كەتكەندىن كېيىن، ئۆمەر كونۋېرتنى ئېچىۋىدى، ئىچىدىن ئۇنىڭ ئەسكەرلىك مۇددىتى توشقۇچە يەتكۈدەك پۇل چىقتى. بۇ چاغدا، مۇئمىن ئاكا ئاللىقاچان ئۇزاقلىشىپ كەتكەنىدى. ئۆمەر ئىچىدە ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇدۇل چايخانىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇرغان سەبداشلىرىنىڭ ھەممىسىنى چاي بىلەن مېھمان قىلدى. بۇ ئارقىلىق ئۇ نەچچە ئايلىق قىيىنچىلىقنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىۋالغاندەك بولدى.

لېكىن ئۆمەر ئۆزىگە پۇل ئەۋەتىۋاتقان كىشىنىڭ كىملىكىنى تېخىچە بىلەلمەيۋاتاتتى...

. . . . .

ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى.

بۇ بىر يىل ئىچىدە يۇنۇس بىر قىزغا دادا بولۇپ قالدى. ئايشەن پوچتىخانىدا ئىشقا چۈشكەندىن بېرى، ھەقىقىي ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەنىدى. ئۆزى بۇرسىدا ئىشلەۋاتقان بولغاچقا، پەقەت ھەپتە ئاخىرلىرىدا كېلىپ، ئۆيىدىكىلەرنى كۆرۈپ كېتەتتى.

ئۆمەر فارۇقنىڭ ئەسكەرلىكى تۈگەيدىغانغىمۇ تۆت ـ بەش كۈنلا قالغانىدى، ئاز قالغانسېرى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈن ساناپ ئۆتكۈزمەكتە ئىدى.

ئەرزۇرۇمدا ئوقۇۋاتقان ئۆزگە ھىجاب ئارتقانىدى، لېكىن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ھىجاب ئارتىش چەكلەنگەن بولغاچقا، ئۆزگەمۇ ئامالسىزلىقتىن مەكتەپنى تەرك ئەتكەنلەر سېپىغا قېتىلدى. ئەمما ئۇنىڭ مەكتەپتىن چېكىنگەنلىكىنى ئائىلىسى بىلمەيتتى. ئۇمۇ ئىمكانقەدەر ئائىلىسىگە بىلدۈرمەسلىككە تىرىشتى. نىھايەت، تەتىل يېتىپ كەلدى، ئۆزگە ئۆيگە قايتىشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتى.

بىر كېچە ـ كۈندۈز يول يۈرگەن ئۆزگە سەھەر ۋاقتى ئۆيىنىڭ ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستى. دادىسى ئىشىكنى ئېچىپ، ئالدىدا تۇرغان ھىجابلىق ئايالنى تونۇيالمىدى ۋە ئۆي ئىچىگە قاراپ ۋارقىرىدى:

— تۈركان، بۇ ياققا چىققىنە، تازىلىقچى ئايال كەلگەن ئوخشايدۇ.

ئۆزگە كۆزەينىكىنى ئېلىۋەتتى. تۈركان خانىم:

— تازىلىقچى بۈگۈن كەلمەيتتىغۇ، كىمدۇ بۇ؟ ـ دېگىنىچە ئالدىراش چىقىپ كەلدى ۋە داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى:

— سەن... سەنمىدىڭ؟ ـ دېگەن گەپنى ئارانلا دېيەلىدى.

ئاكىف ئەپەندىمۇ:

— ئۆزگە، سەنمىدىڭ؟ ـ دېدى ھەيرانلىق بىلەن.

ئۆزگە:

— كىرسەم بولىدىغاندۇ؟ ـ دېگىنىچە ئۆيگە كىردى. ھېچكىم ئۇنىڭغا: «خۇش كەلدىڭ!»مۇ دېمىگەنىدى. تۈركان خانىم يىغى سالدى:

— سېنى كىم بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى؟ ۋاي ئانىمەي!.. پەرۋەردىگارىم، بىزگە ياردەم قىلغىن! قىزىم تۈگىشىپتۇ.

تۈركان خانىم قىزىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى بىجا كەلتۈرمەسلىكى ئۈچۈن يەنە ئاللاھتىن ياردەم سوراۋاتاتتى. بۇ خۇددى ئاللاھنىڭ «قەھرلەنگۈچى» دېگەن نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، شەرىئەت ھۆكمىنىڭ يەر بىلەن يەكسان بولۇشىنى تىلىگەندەكلا ئىش ئىدى. ئۆزگە ئامال بار ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، چاندۇرماي:

— ئۇھ... يولدا بەك ھېرىپ كەتتىم. سىلەر قانداقراق تۇرۇۋاتىسىلەر؟ مېنى قۇچاقلاپمۇ قويمىدىڭلارغۇ؟ ـ دېدى.

تۈركان خانىم غەزەب بىلەن ۋارقىرىدى:

— ئېيتە قېنى! نېمە بۇ ئۈستى ـ بېشىڭدىكى؟

— نېمە بوپتۇ؟

بۇ چاغدا ئاكىف ئەپەندى:

— مەن سىرتقا چىقىپ كىرەي، ـ دەپلا ئۆزگەگە قاراپمۇ قويماي چىقىپ كەتتى.

ئۆزگە دادىسىنىڭ ئارقىسىدىن ۋارقىرىدى:

— دادا! مېنى سۆيۈپ قويمامسەن؟

— ئۆزەمنىڭ قىزى كەلسە سۆيىمەن.

تۈركان خانىم يىغلاشقا باشلىدى. ئۆزگە يۇيۇنۇپ چىقىپ، ئارام ئېلىش ئۈچۈن ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى.

دادىسى ئەتىسى ناشتىدىمۇ گەپ قىلمىدى. ئاپىسى ئۆزگەگە:

— ماڭا قارا قىزىم! سەپەرنىڭ ھاردۇقىمۇ چىقىپ قالغاندۇ؟ سەن بىلەن ئوبدانراق پاراڭلاشمىساق بولمىدى. بىزنى خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلما. قولۇم ـ قوشنىلارنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرىمىز؟

— ئاپا، نېمىلەرنى دەپ يۈرىسەن؟ مەن سىلەرنى يۈزۈڭلارنى تۆككۈدەك نېمە ئىش قىلدىم؟ يا يامان يولغا كىرىپ كەتمىسەم. ئىپپەت ـ نومۇسۇمغا داغ چۈشۈرمىسەم...

— ئىپپەت ـ نومۇسمىش تېخى. يەنە نېمە قىلساڭ بولاتتى؟ ئەمدىلىكتە: «سوتچىنىڭ قىزى شەرىئەتچى بولۇپ كېتىپتۇ» دېگەن گەپ چىقسا، نېمىدېگەن سەتچىلىك؟!

ئۆزگە كۆڭلىدە: «ئىنساننى ئىلاھلاشتۇرۇش دېگىنى مۇشۇ بولسا كېرەك. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا شەرمەندە بولۇشتىن ھېچ قورقمايدۇ ـ يۇ، خەلقى ئالەمنىڭ سۆز ـ چۆچىكىدىن ئۆلگۈدەك قورقىشىدۇ» دەپ ئويلىدى. خىيالى ئاپىسىنىڭ ۋارقىرىشى بىلەن بۆلۈندى:

— ئاكىف! سەن بىر ئامال تاپ. قىزىمىز قولىمىزدىن چىقىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئەقلى ـ ھوشى جايىدا ئەمەس، قارىغىنە ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇشىنى.

ئۆزگە:

— ئۆزەڭنى بېسىۋال ئاپا. مەن پەقەت بىر دوستۇمنىڭ گەپلىرىنى ئويلاۋاتاتتىم.

— قانداق دوست ئۇ سېنى بۇنداق قالاق ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان؟ بالدۇرراق ئېيتقان بولساڭ، ساڭا مەدەنىيرەك بىرىنى تېپىپ بېرەتتۇق ئەمەسمۇ؟

— ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس ئاپا. مەن ئەر كىشى ئۈچۈن ئەمەس، ئاللاھ ئۈچۈن مۇشۇنداق كىيىندىم. مېنى توغرا چۈشەنسەڭ نېمە بولار؟

— نېمىنى توغرا چۈشىنىمەن، دېگىنە نېمىنى؟ پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. ئاھ خۇدا، مېنىڭ قىزىم شەرىئەتچى بولۇپ كېتىپتۇ.

ئۆزگە:

— كەچۈرۈڭلار! ـ دەپ ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى. ئاكىف ئەپەندى ئايالىغا:

— ئۆزەڭنى بېسىۋال، سەۋر قىل. قىزىمىز باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتكەن ئوخشايدۇ. يېنىمىزدا بىر مەزگىل تۇرسا تۈزىلىدۇ ـ دېدى.

ئاكىف ئەپەندىنىڭ ئېيتقانلىرى قارىماققا توغرا ئىدى، چۈنكى ئۆزگە ھەقىقەتەن تەسىرگە ئۇچرىغانىدى، لېكىن بۇ دادىسى ئېيتقاندەك ئۆتكۈنچى ھەۋەس ئەمەس، بەلكى ئىماننىڭ تەسىرى ئىدى.

ئۆزگە كەلگىلى بىر ھەپتە بولدى. ئۆيدە تېخىچە كۆڭۈلسىز كەيپىيات ھۆكۈم سۈرۈۋاتاتتى. ئەرزۇرۇمدىكى ۋاقتىدا، نۇرجان ھەدە ئۆزگەگە دوستى سالىھە خانىمنىڭ ئادرىسىنى بەرگەنىدى، ئۆزگە بۈگۈن ئۇ ئايال بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى. ئۇ ئۆيدىن چىقىش ئالدىدا:

— ئاپا! نەرسە ـ كېرەك سېتىۋالغىلى چىقىمەن، ـ دېدى.

— بۇ كىيىملىرىڭ بىلەن چىقساڭ بولمايدۇ، خەق كۆرسە نېمە دەيدۇ؟

— كۆرسە كۆرسۇن. كىيىملىرىم بىر ئوبدان تۇرمامدۇ؟!

— ئۆزگە، تولا ئاچچىقىمنى كەلتۈرمە! مەن سېنى مۇشۇنداق قىلار دەپ بېقىپ چوڭ قىلدىممۇ؟

......

قىزىنىڭ جاۋاب بەرمىگىنىنى كۆرگەن تۈركان خانىم ئۈمىدلەندى ـ دە، ئاۋازىنى سىپايە چىقىرىشقا تىرىشىپ:

— جېنىم قىزىم، ماڭا قارا! سېنىڭ كېلەچىكىڭ ئۈچۈن ھېچنېمىمىزنى ئايىمىدۇق. دېگىنىڭنى قىلىپ بېرىپ چوڭ قىلدۇق، ـ دېدى.

— مېنى چوڭ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئىتائەت قىلىشىم كېرەك ئىكەن ـ دە؟

— ئەلۋەتتە. بۇ بىزنىڭ ئاتا ـ ئانىلىق ھەققىمىز.

— ئېيتقانلىرىڭ توغرا. لېكىن ئاللاھ بىزنى ياراتتى، ياراتقانلىقى ئۈچۈن بەندىلىرىنىڭ ئۆزىگە قۇللۇق بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ بىزنى ياراتمىغان بولسا، سەنمۇ مېنى تۇغۇپ، چوڭ قىلالمايتتىڭ. بۇ جەرياندا ئاللاھ ساڭا ھەر دائىم ياردەم قىلدى. ئەمدى ئويلاپ باققىن، بىزگە ئاتا قىلىنغان نېمەتلەر ئۈچۈن ياراتقۇچىغا قۇللۇق قىلامدۇق ياكى ئوتتۇرىدا ۋاسىتە بولغۇچىلارغىمۇ؟

— كاللامنى ئېلىشتۇرما. سەندىن نېمە ئۈمىدلەرنى كۈتكەنىدىم. چەت ئەلگە چىقىرىپ، ئوقۇتماقچىدىم تېخى.

تۈركان خانىم بىر نەرسىنى ئېسىگە ئالغاندەك تۇيۇقسىزلا سورىدى:

— ھە راست، سەن مەكتەپنى قانداق قىلدىڭ؟ مەكتەپلەردە رومال ئارتىش چەكلەنگەن تۇرسا، سەن مەكتەپكە قانداق بېرىۋاتىسەن؟ ياكى...

ئاياغلىرىنى كىيىپ بولغان ئۆزگە ئاپىسىغا جاۋاب بەردى:

— مەكتەپكە بارالمىدىم، كاللىسى قاتماللىشىپ كەتكەن بىر ئوچۇم قاششاق رەھبەرلەر بېشىمدىكى بىر مېتىرلىق رەختتىن قورقۇپ، مېنى بىلىم ئېلىش ھوقۇقۇمدىن مەھرۇم قىلدى.

— قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيۋاتىمەن. سەن مەدەنىي تۇرمۇشنىڭ نېمە زىيىنىنى كۆردۈڭ؟ ئېيتقىنە قېنى، خەقلەر ئايغا چىقىۋاتسا، سەن يەردە يالاڭئاياغ يۈرىسەن. مەكتەپ، دىپلوم دېگەنلەر سېنىڭ ئۈچۈن بىر تىيىن ئىكەندە؟

— كەچتە كۆرۈشەرمىز ئاپا، ـ دەپ ئىشىكتىن چىقتى ئۆزگە.

تۈركان خانىم ئەسەبىيلەشكەن ھالدا ئۆز ـ ئۆزىگە:

— ياق، ئەمدى يول قويسام بولمايدۇ. سەۋرنىڭمۇ چېكى بار، بۇنى بىر قورقۇتۇپ قويۇش كېرەك، ـ دەيتتى.

ئۆزگە بىلەن سالىھە خانىم تونۇشۇپ مۇڭداشتى. سالىھە خانىم بەكمۇ خۇشپېئىل، بىلىملىك ئايال ئىدى. ئۇلار خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭلاشقان بولسىمۇ، ئۆزگە ئائىلىسىدىكى ئەھۋال توغرۇلۇق ئېغىز ئاچمىدى. نامازدىگەر ۋاقتى يېقىنلاپ قالغانىدى، ئۆزگە پۈركەنجىسىنى ئارتىپ، سالىھە خانىم بىلەن خوشلىشىپ چىقتى. ئۇدۇل كىتابخانىغا بېرىپ، بىر ـ ئىككى پارچە كىتاب سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۆيگە ماڭدى. ئۆزگەنىڭ تۇرۇپلا كۆڭلى ئايلانغاندەك بولاتتى ـ يۇ: «بەلكىم ئاپام بىلەن قىلىشقان مۇنازىرىدىن بولسا كېرەك» دەپ ئۆزىنى بەزلەيتتى. ئۆيگە يېتىپ بېرىپ، ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستى. تۈركان خانىم قولىدىكى پاپىرۇسنىڭ كۈلىنى قېقىۋېتىپ، ئىشىك ئالدىغا كەلدى ـ دە، ئىشىكنى قىيا ئېچىپ:

— كىم؟ ـ دەپ سورىدى. ئاپىسى ئۆزگەنى قەستەن تونۇمىغان بولۇۋېلىپ، جاۋابىنى كۈتۈۋاتاتتى.

— ئاپا، ئىشىكنى ئاچقىنە!

— سەن كىم؟ تونۇيالمىدىم، يوقال، يوقال، يوقال!... دەپ ۋارقىرىدى ۋە ئىشىكنى ئۆزگەنىڭ يۈزىگە جاققىدە يېپىۋەتتى.

ئۆزگە ئاپىسىنىڭ بۇنچىۋالا قىلىپ كېتىشىنى ئويلىمىغاچقا، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي بىر ھازا داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى. بارغۇدەك يېرىمۇ يوق ئىدى. قوشنىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، دەرھال يولنىڭ نېرىسىدىكى مەسجىدكە قاراپ ماڭدى. تاھارەتخانىنىڭ ئاياللارغا مەخسۇس بۆلۈمىدە تاھارەت ئالغاندىن كېيىن، مەسجىدنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە چىقتى. ئاياللار بۆلۈمى تەرەپكە قېلىن پەردە تارتىۋېتىلگەنىدى. ئۆزگە نامازدىگەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارىنىڭ ئۆزىگە ياردەم بېرىشىنى، ھەقىقەت يولىدا باتىللارغا باش ئەگمەسلىكى ئۈچۈن كۈچ ـ قۇۋۋەت ئاتا قىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلدى. دۇئادىن كېيىن، سومكىسىدىن يېڭى ئالغان كىتابىنى ئېلىپ، بىر نەچچە ۋاراق ئوقۇغان بولسىمۇ، كاللىسىغا ھېچنېمە چۈشمىدى. كىتابنى قويۇپ، تەكچىدىكى قۇرئان كەرىمنى ئالدى ـ دە، ئۇدۇل كەلگەن بىر بەتنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدى:

«نۇن. قەلەم بىلەن ۋە ئۇلار يازغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى، (ئى مۇھەممەد) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېئمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن. مۇقەررەركى، سەن ئەلۋەتتە ئۆكسىمەس ساۋابقا ئېرىشىسەن. (ئى مۇھەممەد) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن. كەلگۈسىدە قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى سەن كۆرىسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. ئىنكار قىلغۇچىلارغا ئىتائەت قىلمىغىن. ئۇلار سېنىڭ (ئۆزلىرى بىلەن) مادارا قىلىشىڭنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ (سەن بىلەن) مادارا قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە)گە ئىتائەت قىلمىغىن. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى ۋە ئوغۇللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ،‹(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ھېكايىلىرىدۇر› دەيدۇ.»

ئۆزگە كۆڭلىدە:«ئىتائەت قىلمايمەن، پەرۋەردىگارىم. سېنىڭ ئەمرىڭگە خىلاپ بولغان ھېچبىر نەرسىگە ئىتائەت قىلمايمەن» دېدى ۋە سۈرىنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇدى: «قۇرئان پەقەت تامام ئەھلى جاھان ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر.»

ئۆزگە ئۆزىنىڭ بۇ ئايەتلەرنى ئوقۇپ قېلىشىنىڭ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى. ئاللاھ تائالا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغان ئۆزگەگە قۇرئان ئارقىلىق: «سەۋر قىل ۋە نىيىتىڭدىن يانما» دەپ جاۋاب بېرىۋاتاتتى.

ناماز شامنىڭ ۋاقتى كىرگەنىدى، ئۆزگە ئورنىدىن تۇرۇپ، ناماز شامنى ئوقۇدى ۋە بىر ھازاغىچە نېمە قىلارىنى بىلمەي خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇشقا باشلىدى. نامازدىن كېيىن، مەسجىدنىڭ چىرىقى ئۆچۈرۈلۈپ، ئىشىكىگە قۇلۇپ سېلىندى. شۇڭا كىتاب ئوقۇشقىمۇ ئامال قىلالمىدى. تەسبىھ سىيرىپ ئولتۇرۇپ، مۈگدەك باسقاندەك ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئۇخلىماسلىققا تىرىشتى. چۈنكى تېخى خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇمىغانىدى.

خۇپتەن نامىزىمۇ ئوقۇلۇپ، جامائەت چىقىپ كەتتى. شۇنچە چوڭ مەسجىدتە يالغۇز قالغان ئۆزگەنى سۈر باسقاندەك بولۇپ، ئىچىدە سۈرە فەلەق بىلەن سۈرە ناسنى ئوقۇدى. ئاندىن بۇ سۈرىلەرنىڭ مەنىسىنى ئويلىدى، شۇندىلا كۆڭلى جايىغا چۈشكەندەك بولدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا تاپشۇرغانىدى. كىممۇ ئۆزگەنى ئۇنىڭدىن ياخشى قوغدىيالايتتى؟!

كۆپ ئۆتمەي، ئۆزگە ئۇيقۇغا غەرق بولدى. چۈشىگە نۇرجان ھەدىسى كىردى، نۇرجان ھەدىسى ئۆزگەگە:

— قېنى كەل، بىزنى ساقلاپ قالدى... دېدى. ئۆزگە ئورنىدىن تۇرۇپ، نۇرجان ھەدىسىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى. ئۇلار ماڭا ـ ماڭا، بۈك ـ باراقسان بىر بوستانلىققا كىردى. بوستانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگىنىدە، ئىشىكنى ئاپئاق ساقاللىق بىرەيلەن ئاچتى. نۇرجان ھەدە ئىشىكنى ئاچقان كىشىگە سالام بەرگەندىن كېيىن، ئۆزگەنى باشلاپ ئۆي ئىچىگە كىردى. نۇرانە يۈزلۈك بىر ئايال ئەتراپىدا چۆرىدەپ ئولتۇرغان ئاياللار جامائىتىگە بىر نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى. ئۆزگە:

— نۇرجان ھەدە، بۇ كىم؟ ـ دەپ سورىدى. نۇرجان: «گەپ قىلما!» دەپ ئىشارەت قىلدى، ئۆزگە ئايالنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدى:

— ھەر كىم ئۆزىنىڭ نېمىگە ئېتىقاد قىلىدىغىنىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. ئىماننىڭ ئىمتىھانى بار، ئىمان ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەنلەر كۈلپەتلىك ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ.

ئۆزگە بىردىنلا يوغان بىر ئۆمۈچۈك كۆردى، نۇرجان ھەدە كۈلۈمسىرىگەن ھالدا:

— سىڭلىم ئۆزگە، ئۆمۈچۈك سۈرىسى يادىڭدىمۇ؟ ـ دېدى.

ئۆزگە مۇئەززىننىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغاندى، چۈشىنىڭ داۋامىنى كۆرەلمىدى. بامدات ۋاقتى بولغانىدى.

— ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر!...

ئۆزگە ئەزاننىڭ ماھىيىتىنى ئويلاشقا باشلىدى. نۇرجان ھەدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەنىدى: «ئەي قېرىنداشلىرىم، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئاللاھۇ ئەكبەر، يەنى ئاللاھ بۈيۈكتۇر. ئەزان — نىدا، چاقىرىقتۇر. ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا ئۆزەڭلارنىڭ نامازغا چاقىرىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلىش بىلەن بىرگە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چاقىرىلىدىغانلىقىڭلارنىمۇ يادىڭلاردىن چىقارماڭلار. ئەزان سىلەرگە مەھشەر كۈنىنى ئەسلەتسۇن. بەلكىم بۈگۈن بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئەمما قىيامەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشماي ھەددىڭلار ئەمەس. ئەزاننى مۇشۇنداق ئىدراك قىلىڭلار ۋە دەرھال ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ: لەببەيكەللاھۇممە لەببەيك، ئى رەببىم، ساڭا كەلدىم، چاقىرىقىڭغا ئاۋاز قوشۇپ كەلدىم! ـ دەڭلار. نەپسىڭلارغا ھەرگىز بويۇن ئەگكۈچى بولماڭلار، چۈنكى ئىسلامدا ئىخلاس ھەممىدىن مۇھىم. يۈرەككە، قەلبكە سىڭمىگەن ئىماننىڭ ئەمەلىيەتتە ئەكس ئېتىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئىماننى ئەڭ ئاۋۋال يۈرەكتە، ئاندىن ۋۇجۇدتا ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىرىش، ئاللاھ رازى بولمايدىغان ھەرقانداق ئىشتا، ھەرقانداق شەخسكە بويۇن ئەگمەسلىك كېرەك.»

ئۆزگەنىڭ خىيالى مۇئەززىنىڭ: «قەدقامەتىسسالاھ» دېگەن سۆزى بىلەن ئۈزۈلدى. تاھارەت ئېلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما تالاغا چىقسا، باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن قورقتى. «قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەجىبا، بۇ ئەھۋالدا تەيەممۇم قىلسا بولارمۇ؟» دەپ ئويلىدى ئۆزگە. ئۇ: «سۇ ئىشلىتىشكە ئىمكانىيەت بولمىغاندا تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ» دېگەن قائىدىنى بىلەتتى، لېكىن ھازىرقى ئەھۋالى بۇ قائىدىگە چۈشەرمۇ؟ ئۆزگە كۆڭلىدە: «پەرۋەردىگارىم، مېنى مەغپىرەت قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى، ئاندىن ئالىقىنىنى تامغا تەگكۈزۈپ، تەيەممۇم قىلدى ۋە بامدات نامىزىنى ئوقۇدى.

بىردىنلا ئۆزگەنىڭ يادىغا ھېلى كۆرگەن چۈشى كەلدى. ھە راست، چۈشىدە نۇرجان ھەدىسى: «ئۆمۈچۈك سۈرىسى...» دېگەنىدىغۇ؟ «ئۆمۈچۈك»نىڭ ئەرەبچىسى نېمە بولغىيدى؟ نۇرجان ھەدىسى ئۆزگەگە ئېيتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۆزگە ئەسلىيەلمەيۋاتاتتى. ئەجىبا، بۇ چۈشى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغاندۇ؟

ئۆزگە دەرھال قۇرئاننى ئېلىپ ئاختۇرۇشقا باشلىدى. «مانا تاپتىم» دېدى ئۆزگە، «سۈرە ئەنكەبۇت»نىڭ ئاستىغا: «ئەنكەبۇت ئەرەبچە ئۆمۈچۈك دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ» دەپ يېزىلغانىدى. ئۆزگە سۈرىنى ئوقۇشقا باشلىدى:

«ئەلىف، لام، مىم. ئىنسانلار ‹ئىمان ئېيتتۇق› دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرك ئېتىلىمىز دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى بىز ھەقىقەتەن سىنىدۇق. ئاللاھ (ئىمانىدا) راستچىللارنى چوقۇم بىلىدۇ، (ئىمانىدا) يالغانچىلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ...». دېمەك، ئاللاھ تائالا «ئىمان ئېيتتىم» دېگەن ئۆزگەنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈۋاتاتتى، بۇ بىر ئىمتىھان ئىدى. ئۆزگە سەۋر قىلىشى ۋە ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك ئىدى.

تۈركان خانىم ۋە يولدىشى كېچىچە تىك ئولتۇردى. ئاكىف ئەپەندى ئايالىغا قاتتىق ئاچچىقلاندى ۋە ئەگەر قىزىنىڭ بېشىغا بىرەر پالاكەت كېلىپ قالىدىغان بولسا، تۈركان خانىمدىن ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆزگە پېشىن نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، تېلېفون قىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتى. بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا، دادىسى ئۆيدە بولۇشى مۇمكىن ئىدى. «ئەجىبا، ساقچىغا مەلۇم قىلغانمىدۇ؟» دەپ ئويلايتتى ئۆزگە. تېلېفوننى دادىسى ئالدى. ئۆزگە:

— دادا!... دېدى.

— ئۆزگە، قىزىم نەدىسەن؟

— قارارىڭلارنى سوراپ بېقىش ئۈچۈن تېلېفون قىلغانىدىم.

— سەندىن بەكمۇ ئەنسىرىدۇق، جېنىم قىزىم، ئۆيگە قايتىپ كەلگىن!

— مېنى مۇشۇ ھالىم بىلەن قوبۇل قىلساڭلار قايتىمەن.

— ماقۇل، سەن ئاۋۋال قايتىپ كەلگىن. قالغان گەپنى كېيىن قىلىشارمىز. ھازىر نەدىسەن؟

— بولىدۇ، ھازىرلا بارىمەن.

ئۆزگە ئۆيگە قايتىپ، ئۇدۇل ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. ھېچكىم ئۇنىڭ كېچىچە نەگە بېرىپ، نەدە تۇرغانلىقىنى سورىمىدى.  تۈركان خانىم: «رەسۋا بولدۇق، بۇ قىز خەلقى  ئالەمنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى يەرگە قاراتتى» دەپ يىغلايتتى. ئاكىف ئەپەندى قىزى بىلەن بۇ ھەقتە بىر نەچچە قېتىم سۆزلەشكەن بولسىمۇ، ئۆزگە: «بۇ مېنىڭ ئىمانىم، ئېتىقادىم. بۇنىڭدىن ۋاز كېچىشىم مۇمكىن ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.

تۈركان خانىمنىڭ يېقىنلىرى ئۆزگەنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاپ، غەيۋەت ـ شىكايەتنى باشلىۋېتىشكەنىدى. ئۇلارنىڭ ئېچىنغان نەزەردە قاراشلىرى تۈركان خانىمنى تېخىمۇ تېرىكتۈرەتتى. قىزىنىڭ دوستلىرى ئالدىدا ئۆزىنى يەرگە قاراتقىنىنى ئويلىسىلا، قۇيقا چاچلىرى تىك تۇراتتى. شۇڭا قىزىغا ئارتۇقچە گەپمۇ قىلمايتتى، قىلغان تەقدىردىمۇ تەنە گەپلەر بىلەن زەھىرىنى سانجىيتتى. ئۆزگە بولسا، ئامالىنىڭ بېرىچە ئاپىسىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشاتتى. ئىمان مەسىلىسىدىن باشقا ئىشلاردا ئاپىسىنىڭ گەپلىرىگە قارشى چىقمايتتى.

ئالتە ئاي مۇشۇنداق كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى. بىر كۈنى، نۇرجان ھەدە ئۆزگەگە تېلېفون قىلغانىدى، تېلېفوننى ئاپىسى ئېلىپ، نۇرجان ھەدىنى ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىدى. ئۆزگە بۇ ئىشقا تولىمۇ ئازابلاندى. ئۇ ئۆزىنىڭ يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. سىرتقا چىقىش، كىتاب ئوقۇش، تېلېفون قىلىش قاتارلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەنىدى. ئاپىسى ئۆيدە رادىئو ۋە تېلېۋىزورنىڭ ئاۋازىنى بولۇشىغا ئېچىپ، ئۆزگەنى زېرىكتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق ئامال ـ چارىنى ئىشقا سالاتتى.

بىر كۈنى ئۆزگە يۇيۇنىۋاتقىنىدا، ئاپىسى ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، ھىجابلىرىنى يىرتىپ پارە ـ پارە قىلىۋەتتى. ئۆزگە مۇنچىدىن چىقىپ، مۇزلىغاندەك بولدى ـ دە، جىلىتكىسىنى ئېلىش ئۈچۈن كىيىم ئىشكابىنى ئېچىپ، داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى ۋە: «ئاھ خۇدا! پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. بۇ پەقەت فرانسۇزلارنىڭ، يەھۇدىيلارنىڭ مەنتىقىسى. ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىدىن باشقا كىممۇ ھىجابتىن نەپرەتلىنەر؟» دەپ پىچىرلىدى. ئۆزگە ئاپىسىنىڭ ھامان بىر كۈنى مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى پەملىگەنىدى ۋە ھەر ئېھتىمالغا قارشى ھىجابتىن يەنە بىرنى ئېلىپ، ياستۇقىنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويغانىدى.

ئۆزگە كىيىنىپ، نەرسە ـ كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، تەييار بولدى. يىرتىلغان ھىجابنى كارىۋىتىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويدى ۋە ئاپىسىغا كۆرۈنمەيلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.

«ئاھ خۇدا! ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق ئىشلار بولۇۋاتىدۇ. ئەمدى نەگە بېرىپ، كىمنىڭ ئىشىكىنى چېكەرمەن؟ كېتىۋاتىمەن، ئەمما نەگە بېرىشىمنى بىلمەيمەن. ئەجىبا، بۇنى ھىجرەت دېگىلى بولارمۇ؟ ئاللاھ مېنىمۇ مەككىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان مۇھاجىرلار قاتارىدا كۆرەرمۇ؟ كىتابلاردىن ئوقۇشۇمچە، مەككىدىن ئايرىلىش ئۇلارغا بەكمۇ ئېغىر كەلگەنىكەن. ئەمما ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن كىشىگە ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئاسان تۇيۇلىدۇ. ئىشىنىمەنكى، بۇ قىيىنچىلىقلاردا روھىم تېخىمۇ تاۋلىنىدۇ. نۇرجان ھەدىنىڭ دېگىنىدەك، مەدىنىنىڭ سائادىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، مەككىنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتۈشىمىز ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئەممار، بىلال ۋە سۈمەييەلەردەك جەڭگىۋار روھقا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك.»

بۇلارنى ئويلاۋېتىپ، ئۆزگەنىڭ كاللىسى بىردىنلا يورۇپ كەتتى. «توغرا، نۇرجان ھەدىنىڭ يېنىغا باراي. ئۇ بىر ئامالىنى قىلىدۇ.»

ئۆزگەنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىنى بىلگەن تۈركان خانىم تولىمۇ ئەنسىرىدى. شۇنداقتىمۇ: «كەچكىچە كېلىپ قالار» دېگەن ئۈمىدتە ساقلاپ باقتى. ئەمما ئۇ خاتالاشقانىدى، چۈنكى ئۆزگە ئەمدى قايتىپ كەلمەيتتى. ئۇ قىزىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، كىتاب ۋە خاتىرە دەپتەرلىرىنى ئاختۇردى. تەرەپ ـ تەرەپكە تېلېفون بېرىپ قىزىنى سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، ھېچبىر يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمىدى. ئاكىف ئەپەندى ئاخىرى چىدىيالماي، خوتۇنىغا زەردە بىلەن:

— بولدى، ئەتە سۈرۈشتۈرەرسەن. ئەرزۇرۇمغا كەتكەن بولسا، ئەتە ئاران يېتىپ بارالايدۇ، ـ دېدى.

— خەپ، قىزىمنىڭ بېشىنى قايدۇرغان ئۇ مۇتەئەسسىپلەرنى تېپىۋالىدىغان بولسام، قىزىمغا قىلغانلىرىنى بۇرنىدىن بۇلاق قىلىۋېتىمەن!

ئاكىف ئەپەندى:

— بولدى بەس! ئۆزەڭنى بېسىۋال. سېنىڭ دەستىڭدىن بۇ ئىش مۇشۇنداق چوڭىيىپ كەتتى. قىزىم بولمىسا مەن ياشىيالمايمەن، ئۇقتۇڭمۇ؟ ئەمدى كاللاڭنى سىلكىۋەتمىسەڭ، قىزىمىزنى بىراقلا قولدىن چىقىرىپ قويىمىز، ـ دەپ ۋارقىدى.

— مەن پەقەت چىدىيالمىدىم، مېنىڭمۇ ھالىمغا يەتكىن. تاقەت قىلغۇچىلىكىم قالمىدى. قىزىم مومىسىدىنمۇ بەتتەر بولۇپ كەتتى. ھە راست، ئۇ مومىسىنىڭ قېشىغا كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ـ دېدى ۋە دەرھال تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قولىغا ئالدى. لېكىن ئۆزگەنىڭ ئۇ يەرگىمۇ بارمىغانلىقىنى ئۇقۇپ، لاسسىدە بولۇپ قالدى. دەل شۇ چاغدا، ئارىف ئەپەندىلەرنىڭ ئىشىك قوڭغۇرىقى چېلىندى. ئىشىكنى ئاچقان مەريەم خانىم:

— ئۆزگە سەنمىدىڭ؟ نېمانداق ئۆزگىرىپ كەتتىڭ؟ قېنى، ئۆيگە كىرگىن! ـ دېدى ۋە ئۆزگەنى ئۆيگە باشلىغاچ، تېخى ھېلىلا تۈركان خانىمنىڭ تېلېفون قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەكمۇ ئەنسىرىگەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن:

— خالىساڭ، ئۇلارغا خەۋەر بېرىۋېتەيلى، ـ دېدى.

— ياق، ھازىر ۋاقتى ئەمەس. سىلەرگە مالال كەلمىسە، مومامنىڭ قېشىدا بىر نەچچە كۈن تۇراي دەپ كەلگەنىدىم.

— بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ تاغاڭنىڭ ئۆيىمۇ ئۆز ئۆيۈڭدەك، خاتىرجەم تۇرۇۋەرگىن. ئۆيدە بالىلارمۇ يوق، سېنىڭ كەلگىنىڭ بىر ھېسابتا بىزگىمۇ ياخشى بولدى.

— ئايشەن يوقمۇ؟

— ئۇ دەم ئېلىش كۈنلىرى كېلىدۇ. بۇ ھەپتە ئاخىرى كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ. يۇنۇسمۇ ئۆيلۈك ـ ئوچاقلىق بولغاندىن بېرى، ھەپتە ـ ئون كۈندە بىر كېلىپ قويىدۇ.

ئۆزگە ئۇدۇل مومىسىنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى. جەمىلە موماي نەۋرىسىنى كۆرۈپ، كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى، ئىككىسى سېغىنىش بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. بىر ئازدىن كېيىن مەريەم خانىم چاي راسلاپ، ئۇلارنى چاقىردى. ئۆزگە چاي ئىچكەچ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى بىر ـ بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. ئۆزگەنىڭ سۆزلىرىدىن كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولغان جەمىلە موماي ئىچىدە: «بىر ئانا ئۆز ئەۋلادىنى بىلىپ تۇرۇپ ئوتقا ئىتتىرەمدىغاندۇ؟» دەپ ئويلىدى. دىپلوم سەۋداسى مەريەم خانىم ئېچىنغان ھالدا:

— قىزىم، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىمۇ يوللۇق. مەكتەپكە بارمىساڭ، دىپلومنى قانداق ئالىسەن؟ كاشكى مەكتەپ ئىچىدە بېشىڭنى ئېچىپ يۈرۈپ ئوقۇشۇڭنى پۈتتۈرۈۋالغان بولساڭ، ئوقۇش تۈگىگەندە بىر گەپ بولاتتى، ـ دېدى.

— مەكتەپ پۈتكەندىن كېين قانداق قىلىمەن؟ ئۇ ۋاقىتتا پېنسىيەگە چىققىچە بىر ئېچىپ ـ بىر يېپىپ يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. يەڭگە، بۇ خالىغانچە ئېچىپ ـ يېپىپ يۈرىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئەمرى. سەن بۇنداق دېسەڭ، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلغان بولىسەن.

— قىزىم! ھېچ بولمىغاندا ئۆز نېنىڭنى ئۆزەڭ تېپىپ يېيەلىگۈدەك ھالغا كېلىۋالساڭ ياخشى بولاتتى. ياخشى كۈننىڭ يامىنىمۇ بار ئەمەسمۇ؟

— يەڭگە! مەنمۇ دەل ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالمىسۇن دەپ، ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىگە رىئايە قىلىشنى ئۇيغۇن كۆردۈم. ئۆلگەندە ئىمانسىز كېتىپ قالسام، دىپلوم ماڭا ياردەم قىلالامدۇ؟ ئەمدى مېنىڭ سۆزلىرىمنى دىققەت قىلىپ ئاڭلا! ماڭا ئىككى ئىلاھتىن ئەمر كەلدى.

مەريەم خانىم چۆچۈگەن ھالدا:

— توۋا دېگىنە قىزىم! ـ دېدى ۋە ئىچىدە: «ۋاي ئىسىت! ياپ ـ ياش تۇرۇپ كاللىسىدىن كېتىپتۇ» دەپ ئويلىدى.

ئۆزگە:

— ئەلۋەتتە دەيمەن، توۋا دېيىشتىنمۇ ئەۋزەل ئىش يوق، ئەمما مەن ھازىر توۋا دېگۈدەك گەپ قىلمىدىم. ئاللاھ يالغۇزدۇر ۋە مېنىڭ ئىلاھىمدۇر. ئىككى ئىلاھنىڭ بىرىنچىسى، ھەقىقىي ئىلاھ بولغان ئاللاھتۇر. ئاللاھ ماڭا: «ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا بېشىڭنى ئېچىشىڭغا رۇخسەت يوق» دېدى. ئىككىنچىسى بولسا، ئۆزىنى ئىلاھ دەپ ئاتىۋالغان، ئاللاھنىڭ قانۇنىغا قەستەن قارشى چىقىۋاتقانلار بولۇپ، ئۇلار: «بېشىڭنى ئاچ» دېدى. مەن بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەقىقىي ئىلاھ بولغان ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىغا ئىتائەت قىلىشنى تاللىغىنىم خاتامۇ؟

— ياقەي، خاتاغۇ ئەمەس، لېكىن ئاللاھنىڭ رەھمىتى كۆپقۇ؟ بەلكى كەچۈرۈۋېتىشى مۇمكىن.

— سەن قانداق بىلىسەن؟

— نېمىنى؟

— ئاللاھنىڭ كەچۈرۈۋېتىدىغانلىقىنىچۇ؟

جەمىلە موماي ئىككىسىنىڭ سۆزلىرىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىپ، گەپنىڭ تېمىسىنى يۆتكىمەكچى بولدى ۋە ئۆزگەگە قاراپ:

— قىزىم! ئاپاڭلارغا خەۋەر بېرەيلىمۇ؟ ئۇلار ئەنسىرەپ، ساقچىغا خەۋەر قىلىپ يۈرمىسۇن يەنە، ـ دېدى.

— خاتىرجەم بول، ئۇلار ساقچىغا خەۋەر قىلمايدۇ، چۈنكى ئابرۇيىغا تەسىر يېتىشىدىن قورقىدۇ. ئەنسىرىسە ئەنسىرىسۇن. ئۇلارغا تېلېفون بەرمەيمەن. يۇنۇسلار قانداقراق تۇرۇۋاتىدۇ؟

مەريەم خانىم ماختانغان ھالدا:

— كۆپ شۈكرى، ھال ـ كۈنى تولىمۇ ياخشى، ئۆيىدە ھېچنېمىسى كەم ئەمەس، توققۇزى تەل.

— شۇنداقمۇ؟ ئايشەنچۇ؟

— ئۇنىڭغىمۇ چاي ئىچۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. يىگىتى ئىككىسى بىر ـ بىرىنى تولىمۇ ياخشى كۆرۈشىدىكەن. بىزمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرمىدۇق، سەن سورىساڭ ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ، نەچچە كۈندىن بېرى تېلېفون قىلىپمۇ قويمىدى، نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟

ئارىف ئەپەندى بۇ پاراڭلاردىن خەۋەرسىزلا ئۆزگەنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ، ئۆزگەنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەنسىرىمەسلىكىنى ئېيتىپ قويدى، ئۆزگەنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ يۈرىكى ئورنىغا چۈشتى.

ھەش ـ پەش دېگۈچە ئۆزگەنىڭ كەلگىنىگىمۇ بىر ھەپتە بولۇپ قالدى. بۇ جەرياندا ئايشەن ئۆيگە بىرەر قېتىممۇ تېلېفون قىلىپ قويمىدى. مەريەم خانىم بىر كۈنى ئۇنىڭ ئىش ئورنىغا تېلېفون قىلدى، لېكىن خىزمەتداشلىرىنىڭ: «ئايشەن بىر ھەپتىلىك رۇخسەت ئالغانىدى» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى ۋە كاللىسىدا: «ئۇ نەگە كەتكەندۇ؟ سۆيگۈنى بىلەن قېچىپ كەتكەنمىدۇ ـ يا؟ قاچمىسىمۇ، بىز ئۇنى بەرمەيمىز دېمىگەنىدۇققۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلىدى. شۇنداقتىمۇ، دەرھال يولدىشىغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى ئېيتتى. قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي قالغان ئارىف ئەپەندى دەرھال بۇرسىغا قاراپ يولغا چىقتى. بۇرسىغا چۈشۈپلا، ئۇدۇل ئايشەننىڭ تۇرالغۇسىغا باردى. ئىشىكنى شۇنچە قاققان بولسىمۇ، ھېچكىم ئاچمىدى. شۇنىڭ بىلەن، قۇلۇپنى بۇزۇپ ئىچىگە كىرگەن ئارىف ئەپەندى كۆز ئالدىدىكى ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرۈپ ھوشىدىن كەتكىلى تاس قالدى. ئايشەن ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان بولۇپ، جەسىدى تورۇستا پۇلاڭلاپ تۇراتتى...

*  *  *  *  *

ئەتىسى، گېزىتلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇنداق خەۋەر يېزىلغانىدى: «ئاشىق ئۆلۈم ئېلىپ كەلدى، گۈزەل ئايشەن سۆيگۈنىنىڭ تاشلاپ كەتكىنىگە چىدىيالماي ئۆلۈۋالدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئايشەننىڭ ھامىلىدار ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.»

شۇنداق، ئايشەن ئالدامچى سۆيگۈنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانىدى.

ئاكىف ئەپەندى بۇ ۋەقەنى رادىئونىڭ ئەتىگەنلىك خەۋەرلىرىدىن ئۇقتى ۋە دەرھال يالوۋاغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۆزگە ئاپىسى بىلەن كۆرۈشكىنىدە بېقىشلىرىغا نۇرغۇنلىغان چوڭقۇر مەنىلەر يوشۇرۇنغانىدى، ئەمما ئاپىسىنىڭ بۇنى چۈشەنگۈچىلىكى يوق ئىدى.

بۇ تۇيۇقسىز ۋەقە پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنى تۈگەشتۈرۈۋەتتى. بولۇپمۇ، مەريەم خانىمنىڭ ھېچ دەرمانى قالمىدى. ئايشەننىڭ نامىزى چۈشۈرۈلۇپ، تاۋۇتى مۈرىلەرگە ئېلىندى. كىشىلەر خۇددى مېيىتنى تېزراق دەپنە قىلىۋېتىشكە ئالدىراۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

تاۋۇت ئېلىپ مېڭىلغاندا، مەريەم خانىم قۇلاقنى پاڭ قىلىۋەتكۈدەك دەرىجىدە نالە ـ پەرياد كۆتۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى تامامەن ئۇنتۇپ، قىزىنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلارنى توختىماي تىللاپ قارغايتتى. ئايشەن ئۆلۈۋېلىشتىن بۇرۇن بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ قويغان بولۇپ، خېتى قىسقا، لېكىن مەنىلىك ئىدى. خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى: «ئاپا، دادا! ئەسلىدە مومامنىڭ ئېيتقانلىرى ئورۇنلۇق ئىكەن. مەن نەپسىمنىڭ قۇربانىغا ئايلاندىم، ئۆلۈمۈمگە ھېچكىم جاۋابكار ئەمەس. مېنى كەچۈرۈڭلار!»

ئايشەننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، جامائەت ھەر ئاخشىمى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ قۇرئان ئوقۇشقا باشلىدى، بۇ بىر ھەپتە داۋاملىشاتتى. ھايات ۋاقتىدا قۇرئاننى پىسەنتىگىمۇ ئېلىپ قويمىغانلار ئۈچۈن ئۆلۈمىدىن كېيىن يەتتە كۈن قۇرئان ئوقۇش...؟ ئەمەلىيەتتە قۇرئان پەقەت تىرىكلەر ئۈچۈن يول كۆرسەتكۈچ ۋە ھايات كومپاسى ئىدى.

ئارىدىن بىر ئاي ئۆتتى. ئۆزگە تېخىچە ئۆيگە قايتمىدى، قايتىشنىمۇ ئويلاشمىغانىدى. ئۇ مومىسى بىلەن بىر ھۇجرىدا تۇرۇۋاتاتتى. مومىسى ئىككىسى ئاخشاملىرى ئۇيقۇسى كەلگىچە كىتاب ياكى قۇرئان ئوقۇيتتى. ئۆزگە بۇ ئاخشام مۇقاۋىلىرى كونىراپ كەتكەن قۇرئاننى كىتاب جازىسىدىن ئېلىپ، مومىسىغا:

— بۈگۈن بۇنى ئوقۇيلى، ـ دېدى. قۇرئاننى ئېچىشىغا ئىچىدىن بىر كونۋېرت يەرگە چۈشتى. ئۆزگە قىزىقسىنىپ كونۋېرتنى قولىغا ئالدى ۋە مومىسىدىن:

— بۇ نېمە؟ ـ دەپ سورىدى.

— ئەكەلگىنە كۆرۈپ باقاي. ھە، بۇمۇ؟ ھېچنېمە.

— مەخپىيەتلىك ئوخشىمامدۇ؟

— ھېچكىمگە ئېيتمىساڭ، دەپ بېرىمەن.

— ماقۇل، دېمەيمەن.

— يۇنۇسنىڭ بىر دوستى بار ئىدى، ھېلىقى ئاتا ـ ئانىسى يوق بالا. ئىسمى ئۆمەرغۇ دەيمەن؟

— ھە، ھە، شۇ. ھېلىقى دىندار بالا.

— ئۇنىڭغا ئايشەن ئارقىلىق پات ـ پات پۇل ئەۋەتىپ تۇراتتىم. بۇلار شۇ ئەۋەتىلگەن پۇللارنىڭ تالونلىرى، بۇ يەرگە قىستۇرۇپ قويۇپ، ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن.

— تولىمۇ ياخشى ئىش قىپسەن موما. پۇل دېۋىدىڭ، بىر ئىش يادىمغا كەلدى، ـ دېدى ۋە مومىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، پىچىرلاپ:

— مەن يۇنۇستىن بىر ئاز گۇمانلىنىپ قالدىم.

— قانداق دەيسەن؟

— ئۇنىڭ ئازغىنە مائاشى بىلەن ئۇنداق ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى سەنچە نورمال ئەھۋالمۇ؟

— مەن پۇل ئىشلىرىنى بەك بىلىپ كەتمەيمەن.

جەمىلە موماي سۆزنى باشقا ياققا بۇرىماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزگە:

— شۇنداقتىمۇ، بىر ئىدارىدە بوغالتىرلىق قىلىپ ئالغان مائاش بىلەن بۇنداق تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى بولاتتىمۇ؟ ـ دېدى.

— راستىنى ئېيتسام، مەنمۇ گۇمانلانغان ئىدىم. بىر قېتىم نۇرتەن ئىككىسى ۋارقىرىشىپ قالدى.

— نېمە سەۋەبتىن؟

— يۇنۇس نۇرتەننىڭ دېگىنىنى ئېلىپ بەرمەپتىمىش، كەمبەغەلچىلىكتە ياشاۋېتىپتىمىش. يىغىپ ئېيتقاندا، نۇرتەن تويمىغۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ.

— مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، يۇنۇسنىڭ دىنغا بولغان قىزىقىشىدىن ئەسەرمۇ قالمىغاندەك تۇرىدۇ. بۇرۇن بۇ ئىشلارغا ئانچە ـ مۇنچە كۆڭۈل بۆلەتتى.

— ھەي... قىزىم! ئەر كىشى ئۈچۈن دىندار ئايال تولىمۇ مۇھىم.

— ئاللاھ ئاقىۋىتىنى خەيرلىك قىلسۇن! ئۇ ئاغىنىسى ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟

— بىلمەيمەن. بولدى، ئەمدى ئۇخلايلى. بولمىسا، تەھەججۈد نامىزىغا قوپالماي قالمايلى يەنە.

ئۆمەر فارۇق بولسا، ئەسكەرلىكتىن قايتىپ كېلىپ، مۇمىن ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە ئىجارىگە ئولتۇرۇۋاتاتتى. ئۇ ئەسكەرلىكتىن كەلگىچە، مۇمىن ئاكىسى ئۇنىڭغا ئىش تېپىپ قويغانىدى. ئۆمەر فارۇق تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ھەپتىدە ئۈچ ئاخشام دىنىي ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن دەرسكە بېرىشقا باشلىدى. ۋاقتى چىقسىلا، كۆپرەك كىتاب ئوقۇشقا تىرىشاتتى.

*  *  *  *  *

ئەتىسى، ئەسىر نامىزى ۋاقتى ئىدى. مەريەم خانىم كرىسلودا يىغلاپ ئولتۇراتتى. ئۆزگە پۈتۈن ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، چاي دەملىدى. ئاۋۋال مومىسىغا، ئاندىن مەريەم خانىمغا چاي تۇتتى. شۇ ئەسنادا تېلېفون جىرىڭلىدى. ئۆزگە تېلېفوننى ئېلىپ:

— ياخشىمۇ سىز... ھە، نۇرتەنمۇ سەن؟ ـ دېدى.

نۇرتەن يىغلاۋاتاتتى. ئۆزگە ئۆيدىكىلەرگە چاندۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا:

— قانداقراق تۇرۇۋاتىسەن، نېمە بولدى؟ ـ دەپ سورىدى.

— يۇنۇسنى ساقچى تۇتۇپ كەتتى.

— نېمىشقا؟

— دەرھال كەلگەن بولساڭلار، ـ دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى نۇرتەن.

ئۆزگە: «نېمە دەركىن» دەپ قاراپ تۇرغان مومىسى بىلەن مەريەم خانىغامغا:

— نۇرتەن بىزنى بىر كېلىپ ـ كېتىڭلار دەيدۇ، ـ دېدى.

مەريەم خانىم:

— نېمە بوپتۇ؟ بەك جىددىي ئىش بولمىسا، ئاخشاملىققا بارارمىز، ـ دېدى.

— يۇنۇسقا بىر ئىش بولغان ئوخشايدۇ.

— يەنە سوقۇشۇپ قاپتىمۇ؟ بىچارە بالام تىرىشىپ ـ تىرمىشىپ پۇل تېپىپمۇ، يەنە خوتۇنىنىڭ كۆزىنى تويغۇزالمايۋاتىدۇ. كىم بىلىدۇ، يەنە نېمىگە كۆزى چۈشتى.

يۇنۇسلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان مەريەم خانىم شۇ يەردىلا ھوشىدىن كەتتى. كۆپچىلىك ئۇنى ئالدىراش ـ تېنەش دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولدى.

. . . . .

ئەتىسى، ئۆمەر فارۇق ئىشقا كېتىۋېتىپ، مىنىبۇستا تېپىۋالغان گېزىتتىكى بىر خەۋەرنى يېنىش ـ يېنىشلاپ ئوقۇدى. «دەل ئۆزى شۇ» دەپ ئويلايتتى ئىچىدە. خەۋەردە مۇنداق يېزىلغانىدى: «××××× شىركىتىنىڭ بوغالتىرى يۇنۇس شاھىن خروئىن سېتىۋاتقاندا قولغا ئېلىندى.»

ئۆمەر فارۇق تولىمۇ ئازابلاندى، ئىش ئورنىدىن رۇخسەت سوراپ، ئۇدۇل تۈرمىگە باردى ۋە قاتتىق تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن، كۆرۈشۈش ئورنىغا كىردى. يۇنۇس ئۆمەرنى دەماللىققا تونۇيالمىدى. ئۆمەر:

— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مېنى تونۇدۇڭمۇ؟ ـ دېدى. يۇنۇس:

— ھە، ئۆمەر فارۇق سەنمىدىڭ؟ بۇ يەرگە كېلىشىڭنى پەقەت ئويلىماپتىمەن، ـ دېدى ۋە خىجىللىق ئىلكىدە يەرگە قارىدى. ئۆمەر ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ:

— ھەممە كىشى خاتالىشىدۇ. مۇھىمى خاتالىقىنى تونۇپ، پۇشايمان قىلىش، ـ دېدى. يۇنۇس چۈشكۈن ئاۋازدا:

— ئاغىنە! بىر ئەمەس، مىڭبىر پۇشايمان قىلىۋاتىمەن. ئەمما بولغۇلۇق بولدى....

— قانداق بولۇپ بۇ ئىشنى قىلىپ سالدىڭ؟

— سورىمايلا قوي. ئاھ، سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭ توغرا چىقتى.

— قايسىنى دەيسەن؟

— ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ بۇ توغرۇلۇق كۆپ سۆزلەشكەن ئىدۇققۇ؟

— ھە، ئەمدى چۈشەندىم. بۇ زەھەرنى ئۆزەڭ چەكمىگەنسەن؟

— ياق، پۈتۈنلەي ئۆيدە قۇلىقىم تىنجىسۇن دەپ قىلغانىدىم. دوستۇم، ساڭا ئېيتسام، مەن يالغان سۆيگۈ ۋە مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان نىكاھنىڭ قۇربانى بولدۇم.

— ئۆزەڭ چەكمىگەن بولساڭ، ياخشى بوپتۇ. ئەلۋەتتە، ئىنسان ئۆزىگە راۋا كۆرمىگەننى باشقىلارغىمۇ راۋا كۆرمەسلىكى كېرەك. لېكىن بولغۇلۇق بولدى. ماڭا قارا، بىرەر نەرسىگە ئېھتىياجىڭ بولسا، مەن ھەر زامان تەييار. ئەقىدەمگە زىت كېلىدىغان ئىش بولمىسىلا، ھەرقانداق تەلىپىڭنى ئورۇنلايمەن.

يۇنۇس ئوڭايسىزلىنىپ:

— سەن ئەسكەرلىككە كەتكەندە، مەن بىرەر قېتىممۇ ئىزدەپ قويمىغانىدىم، ـ دېدى.

— ھېچقىسى يوق، مەن مىننەت قىلمايمەن.

ئۆمەر يۇنۇسنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي پۇل تۇتقۇزۇپ قويدى ۋە ئۇنىڭغا كىتاب ئەكېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار خوشلىشىۋاتقاندا، ھىجابلىق بىر قىز بىر موماينىڭ قولتۇقىدىن يۆلىگەن ھالدا كۆرۈشۈش ئۆيىگە كىرىپ كەلدى. ئۆمەر جەمىلە مومايغا يول بېرىۋېتىپ، كۆزى ئىختىيارسىزلا ئۆزگەگە قادىلىپ قالدى ـ يۇ، ئاللاھنىڭ: «مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن» دېگەن ئەمرىنى يادىغا ئېلىپ، دەرھال كۆزىنى ئېلىپ قاچتى.

لېكىن ئەشۇ بىر قاراش بىلەنلا ئۆزگەنىڭ يارىشىملىق ھىجابى ئىچىدىكى گۈزەل رۇخسارىنى كۆرۈپ يېتىش تەس ئەمەس ئىدى.

ئۆزگە مومىسىنى ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆزى بىر چەتكە ئۆتۈپ تۇردى. يۇنۇس مومىسىنى ئۆمەر فارۇققا تونۇشتۇردى، موماي نەۋرىسىگە نەسىھەت قىلدى. مەريەم خانىمنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن كېلەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۆمەر كەتمەكچى بولۇپ تۇرۇشىغا، موماي:

— ئوغلۇم! سەنمۇ مېنىڭ بالامنىڭ ئورنىدا. ئالدىراش بولمىساڭ، سىرتتا بىرئاز ساقلاپ تۇرالارسەنمۇ؟ مەن ياشىنىپ قالدىم، سېنىڭ ياردىمىڭغا ئېھتىياجىم بار، ـ دېدى.

— ئەلۋەتتە ساقلايمەن موما، ـ دېدى ئۆمەر ۋە چىقىپ كەتتى.

يۇنۇس دادىسىنىڭ ئۆزىدىن رەنجىپ كەلمىگىنىنى ئاڭلاپ، تولىمۇ ئازابلاندى.

ئۇلار خوشلىشىپ چىققىنىدا، ئۆمەر تۈرمىنىڭ سىرتىدا ساقلاۋاتاتتى. ئۈچى يېقىنلا يەردىكى باغچىغا كىردى، ئۆزگە مومىسىنى بىر ئورۇنداققا جايلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئۆزى سەل نېرىدىكى ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتۇردى ۋە سومكىسىدىن كىتابىنى چىقىرىپ، ئوقۇشقا باشلىدى. جەمىلە موماي ئۆمەرگە:

— يۇنۇس سەن بىلەن دوستلىشىپ يۈرگەن چاغلىرىدا خېلىلا ئوڭشىلىپ قالغانىدى. ئۇنى تاشلىۋەتمەي، ياردەم قىلىپ تۇرغىن، ـ دېگەندىن كېيىن، ئۆمەرنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى. ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا:

— ئوغلۇم! كېلەر قېتىمقى كۆرۈشۈش كۈنىدە مېنى بىللە ئېلىپ كەلگىن، بولامدۇ؟ ـ دەپ ئۆتۈندى.

ئۆمەر بۇ مېھرى ئىللىق موماينى تولىمۇ ياقتۇرۇپ قالغانىدى:

— ئەلۋەتتە بولىدۇ، موما. چوقۇم شۇنداق قىلىمەن، ـ دەپ جاۋاب بەردى.

قاقۋاش موماينىڭ مەقسىتى كېيىنچە ئاشكارا بولدى. ئەسلىدە ئۇ ئۆمەر فارۇقنى ئوبدان كۆزىتىپ، نەۋرىسى ئۆزگەگە چېتىپ قويماقچى بولغانىدى. ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك يۈرۈشۈپ، ئاخىرىدا ئۆمەر بىلەن ئۆزگە توي قىلدى.

توي ئارىف ئەپەندىلەرنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلدى. تۈركان خانىم يەنە «خەلقى  ئالەم»دىن قورقۇپ، بۇ دىنىي تويغا قاتنىشىشنى رەت قىلدى.

ئۆمەرنىڭ نىكاھ ئىشلىرىنى مۇمىن ئاكىسى ۋە ئەقائىد، فىقھى ئۇستازلىرى ئاتا بولۇپ بېجىردى.

تويدىن كېيىن، ئۆزگە بىلەن ئۆمەر جەمىلە موماينى قايىل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈپ كەلدى. بۇ بەختلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئورتاق نىيىتى قۇرئان، سۈننەتكە ئەمەل قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئىدى.

ئۆزگە ۋە ئۆمەر بىر ـ بىرىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى. ئۇلارنىڭ سۆيگۈسى يالغان سەۋدا ئەمەس، بەلكى مۇستەھكەم ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان ھەقىقىي مۇھەببەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلاتتى.

 


 

[1] سۈرە نىسا، 17 ـ ۋە 18 ـ ئايەتلەر.

[2] سۈرە نىسا، 17 ـ ۋە 18 ـ ئايەتلەر.

[3] سۈرە ئەسر.

[4] سۈرە تەۋبە 24 – ئايەت.

 

باش بەت

aturan2003@yahoo.com

بارلىق نەشر ھوقۇقى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىغا ئائىت

 All Rights Reserved Taklamakan Uyghur Publishing 2007 --- 2009 http://www.uyghurweb.net