|
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى كۈرەشلىرى
شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا قۇرۇلغان قەشقەرىيە دۆلىتى (
1864 – يىلى )، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ( 1933 – يىلى )،
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ( 1944 – يىلى ) قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي
ئىمپېراتورلۇقى ۋە رۇس ئىمپېراتورلۇقىنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە
ئالدامچىلىق قىلىشى، سېتىشى، ھەربىي جەھەتتە قانلىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە
ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان 1949 – يىلىغا كەلگەندە،
خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قېلىشتەك ئېچىنىشلىق سىياسىي
تارىخىنى باشلىدى.
دۇنيانىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىي تارىخىدا ئۇنتۇلغۇسىز مۇھىم روللارنى
ئوينىغان، ئىنسانىيەت ئالىمىگە مەدەنىيەت تارقاتقان مۇقەددەس زېمىن –
شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي ئىگىسى بولغان تەلەيسىز ئەمما جەڭگىۋار شەرقىي
تۈركىستانلىقلار بۇ پاك زېمىنىنى – ۋەتىنىنى مۇتەبىت، جاھانگىر كۈچلەرنىڭ
ناپاك ئاياقلىرى بىلەن بۇلغىشىغا، نابۇت قىلىشىغا قاراپ تۇرغىنى يوق. بۇ
قىسمەتلەرگە باش ئەگكىنى يوق. خەلق زالىم خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى
يۈزلەرچە قېتىم قوزغالدى، مىليونلارچە ئوغۇل – قىزلىرىمىزنىڭ ئىسسىق
قانلىرى ۋەتەن ئۈچۈن ئاقتى.
1949
– يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەندىن تا
بۈگۈنگىچە ۋەتەن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن يېنىۋاتقان ئىنقىلاب ئوتلىرى بىر كۈنمۇ
ئۆچكىنى يوق. 45 يىل جەريانىدا ئىككى يۈز قېتىمدىن ئارتۇق قوراللىق
قوزغىلاڭ ۋە سىياسىي كۆرەشلەر بولۇپ ئۆتتى.
مەن
تۆۋەندە 45 يىل مابەينىدە بولۇپ ئۆتكەن كۆرەشلەر ئىچىدىكى بىر قەدەر چوڭراق
بولغان بىر قانچە ئىنقىلاب ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي
تۈركىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان جەرياندا شەرقىي تۈركىستان خەلقى
ئۇخلىدىمۇ – يوق؟ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلدىمۇ – يوق؟ قانلار تۆكۈپ
قۇربان بەردىمۇ – يوق؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ ئۆتىمەن. 1949 – يىلى
13 - ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىردى.
ئۇلار شەرقىي تۈركىستان تېررىتورىيىسىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ۋاقىتلاردا
ۋەتىنىمىزنىڭ سىياسى ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، خىتايلارنىڭ بېسىپ
كىرىشىگە يول قويماسلىق مەقسىتىدىكى كۈچلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز
بەدرى. شۇ ئايدا قۇمۇل ئاراتۈرك ناھىيىسى ئەتراپىغا ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق
پەلۋانلار توپلىنىپ، كوممۇنىست ئەسكەرلىرىگە قارشى غازات ئېلان قىلدى ۋە
قوشنا يۇرتلارغا خەۋەرچى ئەۋەتىپ شۇ يەرگە يىغىلىپ ئۇرۇش باشلاشنى قارار
قىلدى. 1950 – يىلى 1 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئاراتۈرك بۇلاق بېشى مەھەللىسىدە
كېڭەش باشلىقى ناسىر، ئابدۇللا ھاكىم، ئەبەيدۇللا ھاكىم، مامۇت، ھاپىز ۋە
سەيدۇللالارنىڭ يېتەكچىلىكىدە بەش يۈز نەپەر پالۋان كېڭەش ئۆتكۈزدى ۋە
«كوممۇنىزىمغا قارشى خەلق ئەترىتى» تەشكىلاتىنى قۇردى. شۇ كۈندىن باشلاپ
خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ گازارمىلىرىغا شىددەلىك ھۇجۇملارنى باشلىدى. بۇ ئۇرۇش
ئىككى يىل داۋام قىلدى.
1950
– يىلى 1 – ئايدا قالىبەك باشچىلىقىدىكى ئىككى مىڭغا يېقىن غازاتچى ئۈرۈمچى
تاغلىق رايوندا توپلىنىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقتى.
ھەمدە كوممۇنىستلارغا قارشى ئۇرۇشلىرىنى باشلىۋەتتى. بۇ ئۇرۇش يىل ئاخىرىغا
قەدەر داۋاملاشتى.
1949
– يىلى 8 – ئايدا ئالتاي ئەتراپىدىن چېكىنىپ بەشبالىق (گۇچىڭ) شەھىرىگە
يېتىپ كەلگەن ئوسمان باتۇر، جانىمقان، زاكىرقان، دەلىللقان ۋە ئوراز باي
موللا، شايىمەردان قاتارلىق غازاتچىلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر قىسمى ئۈرۈمچى
تەرەپكە، بىر قىسمى قۇمۇل بارىكۆل تەرەپكە قاراپ يولغا چىقتى. 1950 – يىلى
4 – ئايدا قۇمۇلدىكى ئىنقىلابچىلار بىلەن ئوسمان باتۇرنىڭ مۇجاھىدلىرى
ئۇچرىشىپ، يىگىرمە مىڭ كىشىلىك قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ئىككى يىل داۋام
قىلغان بۇ شانلىق ئۇرۇشتا نۇرغۇن خىتاي ئەسكەرلىرى يوقىتىلدى، كۆپ ساندىكى
جەڭچىلىرىمىز شېھىد بولدى. قوزغىلاڭنىڭ ئاساسى رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان
ئوسمان باتۇر يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر، قەيسەر
ئىنقىلابچىلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرى ۋەتەن ئازاتلىقىغا،
مىللىي مۇستەقىللىققا بېغىشلانغان شەرەپلىك ھاياتتۇر. ئۇ زالىم شىڭ شىسەي
ھاكىميىتىگە، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە، روس كوممۇنىستلىرىغا ۋە ئاخىرىدا
خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى ئاداققىچە ئىرادىسىنى بوشاتماي، ھىلە –
مىكىرلەرگە ئالدانماي، باتۇرلارچە كۆرەش قىلدى. پۈتۈن ئائىلە بويىچە ۋەتەن
يولىدا شېھىد بولدى.
1951
– يىلى 2 – مايدا ۋەھشى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە خەلقنى توپلاپ
ئوسمان باتۇرنى قانلىق باستۇردى. ئوسمان باتۇرنىڭ شىردىمان قاتارلىق
ئوغۇللىرى ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئۇزاققىچە قوراللىق كۈرىشىنى
داۋاملاشتۇردى. ئۈرۈمچى ئەتراپىدا سىدىق، ئوراز بايلار، مورى، بەشبالىق
ئەتراپىدا مالىك، تالىم، جانبۇلايلار كوممۇنىست ئەسكەرلىرىنىڭ
ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ باردى. كوممۇنىستلارنى
قوغلاپ چىقىرىش، ئىسلامىيەتنى قوغداش مەقسىتىدە باتۇرلارچە كۈرەش قىلدى.
1951
– يىلى ئىلى رايونىغا مەركەزلەشكەن زىيالىلار «ئەللىك بىرچىلەر
قۇرۇلتىيى»نى ئېچىپ، خىتاي مۇستەملىكچىلىرىدىن مۇستەقىللىق دەۋا قىلدى
ھەمدە ئەسلىدىكى مىللىي ئارمىيىگە بېسىم ئىشلىتىپ قوراللىق كۈرەشكە
ھازىرلىق كۆرۈشىنى چاقىرىق قىلدى. بۇ سەۋەبتىن بىر مۇنچە غازىلار يوشۇرۇن
قولغا ئېلىندى.
1953
– يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن يېزىلىرىنى قاپلىغان قوراللىق قوزغىلاڭ
جاللات ۋاڭ جىننىڭ قانلىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى. نەچچە يۈزمىڭ زىيالى، دىنىي
زات تۇتقۇن قىلىندى. بەزى زىيالىلار قارا قويۇق ئوققا تۇتۇلدى. ئىككى قولى
قانغا بويالغان ۋاڭ جىننى خىتايلار مەركەزگە يۆتكەپ كەتتى. بۇ جەرياندا
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ۋە خەلق پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم
رەھبەرلىرى قولغا ئېلىندى ھەمدە ئۆلتۈرۈلدى. چىڭگىزخان داموللام، ئەسەدۇللا
داموللام، ئابدۇلەزىز مەخسۇم قاتارلىق كۆزگە كۆرۈڭەن يېتەكچىلەر ئۆلتۈرۈلدى
ياكى تۈرمىگە تاشلاندى.
1954
– يىلى 12 – ئايدا خوتەننىڭ ئاتچۇي كەنتىدىكى نىياز بەگ ھاجىنىڭ ئۆيىدە
ئابدۇلھەمىد داموللام، پەتھىددىن مەخسۇم قاتارلىق كىشىلەر «تەشكىلى نىجات
پارتىيىسى»نىڭ قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، 1955 – يىلى 11 – ئاينىڭ 15 – كۈنى
قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش قارارىنى ئالدى ۋە ۋاقتىدا كۆتۈرۈلۈپ، ئاتچۇي
تۈرمىسىنى ئازاد قىلىپ مەھبۇسلارنى قويىۋەتتى. خوتەن شەھرىنى پەتھى قىلىش
ھارپىسىدا خائىننىڭ ساتقىنلىقى تۈپەيلىدىن ئىنقىلاب باستۇرۇلدى. رەھبەرلەر
ئۇزۇن يىللارغىچە خەلق ئىچىدە يوشۇرنۇپ يۈرگەن بولسىمۇ كېيىن خىتايلار
تەرىپىدىن شېھىد قىلىندى. بۇ ئىنقىلاب گەرچە قىسقا ۋاقىت داۋام قىلغان
بولسىمۇ، لېكىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ جەڭگىۋار ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.
خەلقنىڭ قەلبىدە يېنىۋاتقان ئىنقىلاب ئوتىنى تېخىمۇ ئۇلغايىتتى. خەلققە
ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلىدى. بۇ ئىنقىلابنىڭ سىياسىي پروگراممىسى: «قوراللىق
ئىنقىلاب ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇش بولۇپ، شۇرا نامىدا
ژۇرنال نەشىر قىلدى. «مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنى»،
«ياشلارغا مۇراجىئەت»، «بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەرز»
قاتارلىقلارنى ئېلان قىلدى.
1956
– يىلى 3 – ئايدا قاراقاش ناھىيىسىدە باقى داموللام بىلەن سەمەد داموللام
باشچىلىقىدا قوراللىق قوزغىلاڭ پارتىلىدى. 800 دىن ئارتۇق ئىنقىلابچى تارىم
ۋادىسىدىكى خىتايلارنىڭ قوراللىق بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قىسىملىرىغا ھۇجۇم
قىلىپ، دۈشمەنلەرگە قاخشاتقۇچ زەربە بەدرى. ئاخىرىدا ئىككى يۈزدىن ئارتۇق
جەڭچىمىز قۇربان بولدى.
1956
– يىلى 5 – ئايدا لوپ ناھىيىسىدە 1300 دىن ئارتۇق ئىنقىلابچى ئابدۇقادىر
باشچىلىقىدا قوراللىق قوزغالدى.
1957
– يىلى ئۈرۈمچى ئۇلانبايدىكى ئاتلىق پولكى قوراللىق قوزغىلاڭغا
تەييارلىنىۋاتقاندا پاش بولۇپ قېلىپ، جەڭچى، ئوفىتسىرلار تۇتقۇن قىلىندى.
شەرقىي تۈركىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ قوزغىلاڭغا يېتەكچىلىك قىلغان مۇنەۋۋەر
ئەزالىرى تۈرمىلەرگە تاشلاندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى.
1958
- يىلى 9 – ئايدا كۆكتوقاي، چىنگىل، بەشبالىق ئەتراپلىرىدا جەمشىتقان،
دەلىلقانلار يېتەكچىلىكىدە قوزغىلاڭ پارتلىدى.
1958
– يىلى 10 – ئايدا قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ تەڭرىتاغ راي،نىدا ئىلى قۇربان بىلەن
سىيىت باشچىلىقىدا يەتە مىڭ جەڭچى قاتناشقان قوراللىق ئىنقىلاب پارتلىدى.
قوزغىلاڭچىلار رايونلۇق ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىپ، ئوق – دورا، نەخ پۇل
غەنىمەت ئالدى. تېلېفۇن ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تۈرمىگە ھۇجۇم
قىلىپ مەھبۇسلارنى قويىۋەتتى. كوممۇنىستلارنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى. 1962 –
يىلى خەلق پارتىيسىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك قوراللىق كۈرىشى زەنجىرسىمان
تەشكىلاتنى تارمار قىلىش ھەرىكىتىدە دھەشەتلىك باستۇرۇلدى، كۆپلىگەن
كىشىلەر قولغا ئېلىندى.
1969
– يىلى خىتاي كوممۇنىست كۈچلىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ۋە تۇتقۇن قىلىشىغا
ئۇچرىغان شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيسى بولسا، خىتاي
كوممۇنىستلىرىغا قارشى پروگراممىسى ئەڭ ئېنىق بولغان، پائالىيەتلىرى ئەڭ
سىستېمىلىق، تەشكىللىك، ئىچكى – تاشقى كۈچلەر ئەڭ ماسلاشقان، ئىنقىلاب
پروگراممىسى، سىتىراتېگىيىلىك پىلانلىرى مۇكەممەل تەرەققى قىلغان پارتىيە
ئىدى. بۇ پارتىيە 78 ئاساسى قاتلام تەشكىلاتىنى قۇردى. دائىرىسى ئون ئىككى
ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، يىگىرمە ئىككى ناھىيىگە كىڭەيگەن بولۇپ، ئەزاسى
60 مىڭ كىشىدىن، ئىشتىراك قىلغۇچىلار 300 مىڭ كىشىدىن ئاشقانىدى.
پارتىيىنىڭ ئاساسى تايانچىلىرى زىيالىلار، ئوتتۇرا – يۇقىرى دەرىجىلىك
كادىرلار بولۇپ، ئەزالىرى ئىشچى – خىزمەتچى، دېھقان، چارۋىچى ئاھالىلار
ئىدى.
خەلق
پارتىيىسى سىستېمىلاشقان ئىنقىلاب پروگراممىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆز
پائالىيەتلىرىنى كۈچلۈك قانات يايدۇردى. ئىنقىلاب شەرت – شارائىتلىرىنى
ھازىرلىدى. پارتىيە مەركىزى كومىتېتى 1969 – يىلى 6 – ئاينىڭ 26 – كۇنىنى
چوڭ ئىنقىلابنىڭ پارتلاش ۋاقتى قىلىپ بەلگىلىدى. ئىچكى – تاشقى قوراللىق
كۈچلەرنىڭ ماسلاشقان ئۇرۇش تاكتىكىسىنى تۈزۈپ چىقتى ۋە زىچ ئالاقىلاشتى.
ئەپسۇسكى، خائىنلارنىڭ ساتقىنلىقى تۈپەيلىدىن قوزغىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن
خىتاي كوممۇنىستلىرى مەركىزى كومىتېت رەھبەرلىرىنى تۇتقۇن قىلدى.
قۇماندانلىق شىتاب باشچىلىقىدا ئىمىنوپ قاتارلىق 32 مىڭ كىشى قولغا
ئېلىندى. قەشقەر لېنىيىسىدىكى ئاخۇنوپ، مىجىت قاتارلىقلار مۇددەتتىن بۇرۇن
قوزغىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، خىتاينىڭ كۈچلۈك ئارمىيىسى بىلەن كەسكىن جەڭ
قىلدى، بىر ھەپتە داۋام قىلغان ئۇرۇشتا مۇجاھىدلار نۇرغۇن خىتاي
ئەسكەرلىرىنى يوقاتتى ۋە باش ئەگمەي قەھرىمانلارچە شېھىت بولدى. مۇستەبىت
كۈچلەرنىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقى ۋە ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇشى نەتىجىسىدە
ئاخۇنوپ، مىجىت قاتارلىق قوماندانلار شېھىد بولدى. تۇتقۇن ۋە ئاختۇرۇشلار
ئالتە ئاي داۋام قىلدى. پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا ھەتتا ناھىيىلەرگىمۇ
ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھوقوقى بېرىلدى. ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن ئىمىنوپ
باشچىلىقىدىكى ئوتتۇز ئىككى كىشى 1970 – يىلى 5 – ئاينىڭ 29 – كۈنى (ئىلى ،
چۆچەك قىرغىنچىلىقى كۈنىگە توغرىلاپ) ئۈرۈمچىدە ئاشكارا سوت ھۆكمى بىلەن
شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ كاتتىباشلىرى دېگەن نام
ئاستىدا خەلق ئالدىدا ئېتىپ تاشلاندى (ئىمىنوپ دوختورخانىدا يوشۇرۇن
ئۆلتۈرۈلدى). نۇرغۇن مۇنەۋۋەر باتۇرلار تۈرمىلەردە قىيناپ ئۆلتۈرۈلدى.
تالاي بىگۇناھ كىشىلەر ئون يىللاپ ھېچ سوراقسىز تۈرمە – كامىرلاردا ياتتى.
كوممنۇنىستلار ئەجدادلىرىنىڭ مايمۇننى ئۆلتۈرۈپ يولۋاسنى قورقۇتۇش
تاكتىكىسىنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ تۇرۇپ ئىجرا قىلدى. گەرچە تارىخىي پەيىتنى
كەتكۈزمىگەن بۇ ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن شەرقىي تۈركىستان
خەلقىنىڭ كۈچلۈك ئىنقىلاب روھىنى، ئىستىقلال غايىسىنى، تەشكىلاتچان
ئەنەنىسىنى، ئىتتىپاقلىق كۈچىنى بىر قېتىم جاكارلىدى. خەلقنىڭ قەلبىدىكى
ئۈمىد، ئىشەنچىسىنى كۈچەيىتتى. كوممۇنىست كۈچلەرگە خەلقنىڭ ئارزۇسىنى
ئىپادىلەپ، ئۇلارنى قاتتىق ئالاقىزادىلىككە سالدى. شەرقىي تۈركىستان خەلق
ئىنقىلابىي پارتىيىسى ھېلىمۇ ئۆز پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ
كەلمەكتە.
1980
– يىللارغا كەلگەندە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتى
يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. پارتىيە، تەشكىلاتلار ئالاھىدە يوشۇرۇن
ھالەتكە ئۆتتى. مىللىي ئازاتلىق، مىللىي دېمۇكراتىك ۋە مىللىي ئويغىنىش كۈرەشلىرى
ئارقا – ئارقىدىن قانات يېيىش، راۋاجلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. شۇ يىلى
قىشتا خىتايلار تەرىپىدىن قەستەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن يازغۇچى ئابدۇلھەمىد
مەسئۇدنىڭ قانلىق جەسىدىنى كۆتۈرۈپ غەزەپلەنگەن نەچچە مىڭ ئىشچى ئۈرۈمچى
كوچىسىدا قانغا – قان، جانغا – جان دەپ توۋلاپ نامايىش قىلدى. نامايىشقا
ئوقۇغۇچىلار، شەھەر ئاھالىلىرى قوشۇلدى. ئۇلار پارتكوم بىناسىغا قەدەر
بېسىپ كەلدى. غەيرى قانۇنلۇق ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشنى كوممۇنىستلار
باستۇرۇشقا پېتىنالمىدى. خەلق ھۆكۈمەتنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىش پۇرسىتىنى
ياراتقان بۇ دېمۇكراتىك كۈرەش خىتاي ئاساسىي قانۇنى ئۆزگەرگەنگە قەدەر
داۋام قىلدى.
1981
– يىلى پەيزاۋاتتا ئىككى يۈزدىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى ئىسلام
پارتىيىسى شۆبىسىنى تەشكىللەپ 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ناھىيىلىك قوراللىق
ساقچى قىسىمغا ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئوق – دورا غەنىمەت ئالدى. ئەپسۇسكى،
خائىننىڭ ساتقىنلىقى بىلەن مۇجاھىدلار قورشاۋدا قېلىپ ئىنقىلاب خىتايلارنىڭ
قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى.
بۇلاردىن باشقا 1981 – يىلى قاغىلىقتا يۈز بەرگەن 12 – يانۋار ۋەقەسى،
قاغىلىق تەڭرىتاغ پارتىيىسى، 1981 – يىلى 26 – سىنتەبىردە قەشقەردە
قۇرۇلغان ئۇيغۇرىستان ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى، 1981 – يىلى 10 – ئاينىڭ 30
– كۈنى قەشقەر شەھىرىدە يۈز بەرگەن 30 – ئۆكتەبىر ۋەقەسى قاتارلىق بىر
قاتار ئىنقىلابىي تەشكىلاتلار مەيدانغا كەلدى (خىتايغا مەلۇم بولمىغانلىرى
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىدى). بۇ پارتىيە، تەشكىلاتلار مۇستەقىل شەرقىي
تۈركىستان قۇرۇش پروگراممىسى ئاستىدا ئۆز پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.
ئەجدادلىرىمىز ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان خەلق ئازاتلىق ھەرىكەلىرى كەڭ
خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ 80 –
يىللارغا كەلگەندە، يېڭى بىر دېموكراتىك ياشلار ھەرىكىتى مەيدانغا كەلدى.
دېموكراتىك ياشلار ھەرىكىتىنىڭ كۈچلۈك رەۋىشتە تەرەققى قىلىشى ھەر قايسى
ئالىي مەكتەپلەردە روشەن ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.
1985
– يىلى 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى يۈز بەرگەن شەرقىي تۈركىستان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ
نامايىش قىلىش ھەرىكىتى يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دېموكراتىك
ھەرىكەت بولدى. بۇ ھەرىكەت شەرقىي تۈركىستان دېموكراتىك ھەرىكىتىنى يېڭى
بىر باسقۇچقا كۆتۈردى. دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ يېڭى بىر سەھىپىسىنى ئاچتى.
شۇ كۈندىن بىر ھەپتىگە قەدەر ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھالدا قەشقەر ، ئاقسۇ
، خوتەن ، بۆرىتالا قاتارلىق شەھەرلەردە 15 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى كوچىلارغا
چىقىپ نامايىش قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىستىكىنى نامايان قىلدى.
بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ سىياسىي پروگراممىسى: شەرقىي تۈركىستاندا دېموكراتىك
سايلام ئېلىپ بېرىش، يادرو – ئاتوم سېنىقى ئېلىپ بېرىشنى توختىتىش، كۆچمەن
كۆچۈرۈشنى چەكلەش، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيەنى ھەقىقى تۈردە ئىجرا
قىلىش، مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلدىن
قالدۇرۇش، مىللىي مائارىپنى ھەقىقى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ
تەلەپلەر پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، شۇنىڭدەك دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق
ئارزۇسى ئىدى. بۇ ئىنقىلاب ۋەتەن تۇپرىقىدا غايەت زور ئويغىنىش پەيدا
قىلدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى، ۋەتەن داۋاسىدىن ۋاز
كەچمىگەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىدى. بۇ دېموكراتىك ھەرىكەتنىڭ ئىلھامى
ئارقىسىدا ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە شەھەر – يېزىلاردا ياشلار ھەرىكىتى
كۈچلۈك راۋاجلىنىشقا باشلىدى. ئارقا – ئارقىدىن بىر قانچىلىغان ئاممىۋىي ۋە
ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بارلىققا كەلدى. 1985 – يىلى ئۈرۈمچى
ئۇنىۋېرسىتېتىدە قۇرۇلغان «تەڭرىتاغ پەرزەنتلىرى ئىجادىيەت ئۇيۇشمىسى» بەش
ئالىي مەكتەپتە قۇرۇلغان «ئوقۇغۇچىلار پەن – مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى»،
«ئىزدەنگۈچىلەر ئىلمىي جەمئىيىتى»، «جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى» قاتارلىق
تەشكىلاتلار جەمئىيەتنىڭ، مىللەتنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت
قىلدى. مىللەتنىڭ ئويغىنىشىغا تەسىر كۆرسەتتى. «پەن – مەدەنىيەت» ئۇيۇشمىسى
ئون ئىككى شۆبە ئۇيۇشما ۋە بەش قېرىنداش ئۇيۇشما تورىنى شەكىللەندۈرۈپ،
سەنئەت ئۆمەكلىرىنى تەشكىللەپ، تارىخىي دراممىلارنى قويۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك،
مىللەتچىلىك ئۇرۇغىنى چاچتى. تەتىللەردە ۋەتىنىمىزنىڭ كەڭ قىشلاق –
يېزىلىرىغا بېرىپ، ئېچىنىشلىق مىللىي مائارىپ ئەھۋاللىرىنى، تۇرمۇش
ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ، سىنالغۇ لىنتىلىرى ئىشلەپ، ھۆكۈمەت دائىرەلىرىگە
بېسىم ئىشلەتتى. ھەقىقى ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ، ساختا تەشۋىقاتنى پاش
قىلدى. جەمئىيەتكە مىللەتنى خاراپلاشتۇرۇشقا سەۋەپ بولىۋاتقان ئامىللارنى
تونۇتۇپ، زەئىپ مىللىي مائارىپنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىش چاقىرىقىنى چىقاردى. بۇ
بىر قاتار كۆرەشلەر خىتاي كوممۇنىستلىرىنى ئاتوم – يادرو سېنىقىنى،
پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىنى، كۆچمەن كۆچۈرۈشنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ توختىتىشقا،
دېموكراتىيىگە، مىللىي مائارىپقا يالغاندىن بولسىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە مەجبۇر
قىلدى. 12 – دېكابىر ئىنقىلابى دەپ ئاتالغان بۇ پائالىيەتلەردىن ئۈچ يىل
ئۆتۈپ، 1988 – يىلى 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى مىللىي كەمسىتىشكە نارازىلىق
بىلدۈرۈش يىغىنى ئېچىلىپ ئىككى كۈن ئۇدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا
ئۈرۈمچىدىكى تۆت مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى.
تۇيۇقسىز ئېتىلغان بۇ ۋولقان خىتاي كوممۇنىستلىرىنى پايىپىتەك قىلىۋەتتى.
شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنىڭ قەيسەر، تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى نامايان قىلغان
بۇ ئىنقىلاب، دېموكراتىك كۆرەشنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى. ئۇنىڭ
پروگراممىسى ئىنسان ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىش، مىللىي كەمسىتىشكە نارازىلىق
بىلدۈرۈش، خاراپلىشىپ كېتىۋاتقان مىللىي مائارىپىمىزنى قوغداپ قېلىشتىن
ئىبارەت ئىدى. بۇ تەلەپلەر گەرچە ئىنسانىيەتنىڭ ھەقلىرىگە ئۇيغۇن بولغان،
خەلقىمىزنىڭ ئەڭ ئەقەللىي تەلەپلىرى بولسىمۇ، ئەمما خىتاي
مۇستەملىكىچىلىرىگە نەشتەردەك سانجىلدى. ئۇلار قاتتىق ساراسىمىگە چۈشتى.
شۇڭلاشقا تەركىبىدە قوراللىق ساقچىلارمۇ بولغان تۆت يۈز كىشىلىك دېكتاتۇرا
گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ج. خ ئىدارىسى مەخسۇس باشقارما قۇردى ۋە ھەرىكەتكە
يېتەكچىلىك قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى نازارەت قىلدى. سىياسىي تەقىپ ئاستىغا
ئالدى. ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى چەكلەش، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى ساقچى،
دېكتاتۇرا ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ھەرقايسى ئالىي
مەكتەپلەردە ناھىيە دەرىجىلىك ساقچى ئىدارىلىرىنى قۇردى. بۇ خىل بېسىم
كۈچەيگەنسىرى دېموكراتىك ياشلار ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ تۇرىۋەردى.
1989
– يىلى 4- ۋە 5 – ئايلاردا خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتى باشلىنىشى بىلەن تەڭ
شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنىڭ دېموكراتىك پائالىيەتلىرىمۇ كۈچلۈك قانات
يېيىشقا باشلىدى. ياشلار دەرھال «ئالىي مەكتەپلەردە ھەرىكەت قىلىش
پارلامېنت قۇرۇش»، «پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى تۇرۇش»، «ياشىسۇن ئىسلام
ئىنقىلابى»، «ئالىي مەكتەپلەرنى قوراللىق ئىدارە قىلىشقا قارشى تۇرۇش»
قاتارلىق 21 ماددىلىق پروگرامما تۈزۈپ چىقىپ ھۆكۈمەتكە سۇنۇپ، بۇ
ماددىلارنى ئىجرا قىلىشقا قىستىدى. كۆپ قېتىم ئوچۇق ۋە مەخپىي خەت يېزىپ،
مىللىي كەمسىتىش خاھىشلىرىنى پاش قىلدى.
1989
– يىلى 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئۈرۈمچى ئىسلام ئىنىستېتوتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى
«جىنسىيەت ۋە ئەنەنە» ناملىق رىئاكسىيون كىتابقا قارشى نامايىش قوزغىدى.
19- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان كوچىغا چىقتى، سەپ
كېڭىيىپ ئون مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. مۇسۇلمان ياشلار پارتكوم، ھۆكۈمەت
بىنالىرىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئەسلىھەلەرنى، ماشىنىلارنى پاچاقلاپ تاشلىدى.
بىر قانچە قاتىل ساقچىلارنى، ئەسكەرلەرنى تۇتۇپ كېتىپ سوتلىدى. خىتاي
كوممۇنىستلىرى قوراللىق قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ، بىر كېچىدىلا ئۈچ يۈزدىن
ئارتۇق مۇسۇلمان ئاممىسىنى تۇتۇپ قامىدى، قېيىن – قىستاقلارغا ئېلىپ
ۋەھشىيلەرچە جازالاپ ئىقرار قىلىشقا قىستىدى. تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىچىدە
ئون بىر ياشلىق ۋە ئون دۆت ياشلىق ھەدە – سىڭىل ئىككى ئۇيغۇر قىزى بولۇپ،
زالىم خىتاي ئەسكەر، ساقچىلىرى بۇ نارەسىدە قىزلارنىمۇ قاتتىق ئۇرۇپ قېيناپ
ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. بۇ ۋەھشىيانە باستۇرۇشلار خەلق
قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز غەزەپ ۋە قىساس پەيدا قىلدى.
1990
– يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارىن يېزىسىدىكى
دېھقانلار شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بارىن شۆبىسىنىڭ قۇرغۇچىسى
زەيدىن يۈسۈپنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۆلىمى ئەڭ زور بولغان قوراللىق قوزغىلاڭ
كۆتۈردى. ئۇلار دەسلەپە قورال – ياراق ياساش، جەڭ ئۈچۈن ئات سېتىۋىلىش،
ئەسكىرى مەشق قىلىش، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، باشقا ۋىلايەتلەر بىلەن
ئالاقىلىشىش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش
قارار قىلىنىۋاتقان كۈنى بارىن يېزىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا، پۈتۈن شەرقىي
تۈركىستان مىقىياسىدا ئومۇمىي يۈزلۈك قوراللىق كۆرەشنى قانات يايدۇرۇپ،
مۇستەقىللىق ۋىسالىغا يېتىشنىڭ ھازىرلىقىنى قىلدى. ئەمما مەخپىيەتلىك
ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن قوزغىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇ كۈنى ئون
مىڭدەك كىشى قولىغا مىلتىق، بومبا، كەتمەن، ئوغاق، بولقىلارنى ئېلىپ،
ھۆكۈمەت دائىرەلىرىگە ئەجەللىك زەربە بەدرى. تۆت كۈن داۋام قىلغان
شىددەتلىك ئۇرۇشتا خىتاي قوشۇنلىرى تەڭ كېلەلمەي، سىرتتىن نۇرغۇن ئەسكەر
يۆتكەپ كەلدى. زامانىۋى قوراللانغان نەچچە يۈزمىڭ خىتاي قوشۇنىغا خىتاي
دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى پىڭ، جاڭ زېمىنلار، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ
مۇدىرى لىيۇ خۇئاچىڭلار قۇماندانلىق قىلدى. ئىككى ئايغا يېقىن داۋاملاشقان
ئۇرۇشتا خىتاي ئارمىيىسى ئىككى يۈزدەك جەڭچىمىزنى شېھىدە قىلدى. يېزىدىكى
بىگۇناھ ئاياللارنى، ھەتتا بۆشۈكتىكى بوۋاقلارنىمۇ قىرغىن قىلدى. نۇرغۇن
قەيسەر ئىنقىلابچىلىرىمىز ئەسىرگە چۈشكەن بولسىمۇ، قەتئىي باش ئەگمىدى.
خىتايلار ئۈچ نەپەر قۇمانداننى ئېتىپ تاشلىدى، قالغانلىرىنى مۇددەتسىز ۋە
ئۇزۇن يىللىق قاماققا ئالدى. لېكىن «خىتاي كومپارتىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ،
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش»تىن ئىبارەت سىياسىي
پروگراممىلىق، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىق بۇ ئىنقىلاب خەلقنىڭ
مۇستەقىللىق كۆرىشىنى، ئىشەنچىسىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇلۇڭ –
پۇشقاقلىرىغىچە كەڭ كۆلەمدە جاكارلىدى. خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە ئەل
نامىدا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
دۈشمەن قانچە ۋەھشىي ۋە غالجىرلاشقان بولسىمۇ، باتۇر شەرقىي تۈركىستان
خەلقى قىلچە باش ئەگكىنى يوق، بەلكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز
داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. شۇئار يېزىپ چاپلاش، تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى بېسىپ
تارقىتىش، جامائەت سورۇنلىرىدا ئاشكارا
نۇتۇق سۆزلەپ مىللىي ئويغىتىش ئېلىپ بېرىش، كىتاب، ماقالە يېزىش، يوشۇرۇن
ھالدا ھۆكۈمەت بىنالىرىنى، ماشىنىلىرىنى، غالچا ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيلىرىنى،
پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىلىرىنى پارتلىتىش، پارتىزانلىق ھەرىكەتلەرنى
تەشكىللىك، پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خىتاي فاشىستلىرىغا قارشى
قىساسكارلىق روھىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. 1987- ۋە 1989 – يىلى ئىچىدىلا
شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلىدىغان تەشۋىقات ۋارىقى
ئىككى يۈز قېتىمدا 600 پارچىدىن ئارتۇق تارقىتىلدى.
بۇلاردىن باشقا 80 – يىللىرى يۈزبەرگەن قاغىلىق «قوتاز ۋەقەسى»، «قەشقەر
ۋەقەسى»، ئاقسۇ «يولۋاس ۋەقەسى»، ئارتۇش «بىرىنچى ئورتا ۋەقەسى»، 90 –
يىللىرى يۈز بەرگەن قورغاس «قاتىل خىتاينى ئىزدەش ۋەقەسى»، 93 – يىلىدا
قەشقەردە يۈز بەرگەن يەتتە قېتىملىق چوڭ – كىچىك پارتلاش ۋەقەلىرى، بۇ يىل
تۆتىنجى ئايدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى سايباغ رايونى سوت مەھكىمىسىنىڭ
قوراللىرىنى بۇلاش ۋەقەسى، 7 – ئايدا يۈز بەرگەن ئاقسۇدىكى ئۈچ چوڭ پارتلاش
ۋەقەسى قاتارلىقلار خەلقىمىزنىڭ خىتاي باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان
مۇستەقىللىق يولىدىكى كۈرەشلىرىنىڭ دەلىلىدۇر.
ئومۇمەن، جەسۇر شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي كوممۇنىستلىرى ھۆكۈمرانلىق
قىلغان 45 يىل ئىچىدە، مىللىي مۇستەقىللىقى، ھۆررىيىتى يولىدا يۈزلەرچە
قېتىم قوراللىق ئىنقىلاب ھەمدە سىياسىي كۆرەشلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بۇ
جەرياندا ئون مىڭلىغان، يۈزمىڭلىغان قەھرىمانلىرىمىز قۇربان بولدى. ئىسسىق
قانلىرىنى تۆكۈپ ۋەتەن ئازاتلىقى ئۈچۈن شەرەپلىك سەھىپىلەرنى ئاچتى. خىتاي
كوممۇنىستلىرىغا قارشى كۆرەشلەردە بەش يۈز 20 مىڭدىن ئارتۇق شەرقىي
تۈركىستانلىق شېھىد بولدى.
دېمەك، يۇقىرىقى پاكىتلار شۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇكى، خىتاي كوممۇنىستلىرى
ھۆكۈمرانلىق قىلغان 45 يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىر كۈنمۇ ئۇخلاپ
ياتقىنى يوق. مىللىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلمىغان، قان تۆكمىگەن بىر
كۈنىمۇ يوق. دۇنيادا شەرقىي تۈركىستان خەلقىدەك ئۆز ئىستىقلالى، ھۆررىيىتى
ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قوزغالغان، كۆپ قۇربان بەرگەن بولسىمۇ ئۆز مۇستەقىللىقىغا،
ئۆز ئەركىنلىكىگە ئېرىشەلمەي مەھكۇم ياشاۋاتقان بىرمۇ مىللەت بولمىسا
كېرەك.
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىسلىسىز ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ، ھېسابسىز
قۇربانلارنى بېرىپمۇ يەنىلا مۇستەملىكىدىن قۇتۇلالماسلىقىنىڭ ۋە يېتەرلىك
دەرىجىدە دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىيالماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرى
نېمىلەر؟
بۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان ئىچكى – تاشقى مۇرەككەپ سىياسىي ئامىللار سەۋەب بولۇپ
كەلگەندىن سىرىت، مۇھىمى تۆۋەندىكى ئامىللار ئاساسلىق رول ئوينىدى:
بىرىنچى، مۇتلەق كۆپ قىسىم كۆرەشلىرىمىز توغرا يېتەكچى نەزەرىيىگە، چوڭقۇر
ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولغان، مەلۇم ئىنقىلاب تارىخىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن،
سىستېمىلاشقان بىرەر تەشكىلات ياكى پارتىيىنىڭ بىر تۇتاش قۇماندانلىقىغا
نائىل بولالمىدى.
ئىككىنچى، ۋەتەن سىرتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جەمئىيەت ، تەشكىلات
ۋە گورۇپلار، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قان ۋە جان بەدىلىگە ئېلىپ
بېرىۋاتقان كۆرەشلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ، ئۇنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە
توغرا يۆنىلىشتە، ۋاقتىدا، يېتەرلىك دەرىجىدە بىلدۈرەلمىدى، كەڭ دائىرىدە
تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا جامائەت پىكرى ھاسىل قىلالمىدى. قىسقىسى،
پائالىيەت ۋە تەشۋىقات كۈچى كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمىدى.
ئۈچىنچى، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئىنگلىز، فرانسىز ۋە باشقا
مۇستەملىكىچىلەرگە ئوخشاش مەدەنىي مىللەت ئەمەس. دېموكراتىيە، ھۆرلۈك
ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىغا يات، غەيرى ئۇقۇم. تارىخىدا فىئودال ئۆچمەنلىكتىن
باشقا ئىدېئولوگىيىسى بولمىغان بۇ رەزىل مىللەتنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش
ئاسان ئەمەس.
خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازاتلىق كۆرەشلىرىنى
قانلىق باستۇرۇپلا قالماي، بەلكى يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن دۇنيا
جامائەتچىلىكىنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ خەۋەر تارقىلىشىنى
قاتتىق كونترول قىلىپ كەلدى. ھەتتا بىرەر ۋىلايەتتە يۈزبەرگەن ۋەقەدىن
قوشنا ۋىلايەتلەرنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنمۇ مۇداپىئە قىلىپ، ھەربىي
ھالەت ئېلان قىلىپ، يوشۇرۇن يالغان خەۋەر تارقىتىپ كەلدى. قانلىق باستۇرۇش،
دەرھال تىنجىتىش، ئاڭلىغان – كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ قاماش ئۇسۇلى
بىلەن ۋەتەندىكى ۋەقەلەرنى ۋەتەندىكىلەرمۇ بىلمەسلىكتەك ۋەزىيەتنى
شەكىللەندۈردى. دېمەك، خەلقىمىز شۇنچىۋىلا بەدەل تۆلەپمۇ ئۆزلىرىنىڭ
ئىنسانىي ھەققىگە ئېرىشەلمەي، دۇنيا خەلقىنىڭ، ئىنسانلىق ئالەمىنىڭ كۈچلۈك
دىققىتىنى جەلپ قىلالماي كەلدى.
بۈگۈنكى كۈندە تارىخىي ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، توغرا يۆنىلىشتە، كۈچلۈك بىر
پارتىيە، تەشكىلاتلارنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن
بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىدىغان شارائىتلار ھازىرلانماقتا. شەرقىي تۈركىستان
خەلقى ئازاتلىق نىشانىنى بويلاپ ئىلگىرىلىمەكتە.
1994
– يىلى 12 – ئاي، ئىستانبۇل
( بۇ
ماقالە 1994 – يىلى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرى
ۋاپاتىنىڭ 920 – يىللىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە
يىغىنىغا سۇنۇلغان) |