English

Türkçe

 

عربي

ئۇيغۇرچە

 

 

شەرقىي تۈركىستان دېموكراتىك ياشلار ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئالاھىدىلىكى

 

شەرقىي تۈركىستان خىتاي مۇستەبىتلىرى تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان ئېچىنىشلىق سىياسىي تارىخىي جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇستەقىللىقى، ھۆررىيىتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قېلىپ كەلدى. ھەر خىل تارىخى شارائىتلاردىكى كۈرەش شەكلى، ئۇسۇلى ۋە ھارەكتېرىمۇ ھەر خىل بولدى. 80 - يىللارغا قەدەم قويۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىدا يېڭى بىر سىياسىي بۇرۇلۇش مەيدانغا كەلدى.

1985 – يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى پارتلىغان ئوقۇغۇچى ياشلار ھەرىكىتى شەرقىي تۈركىستان يېقىنقى زامان تارىخىدىكى دېموكراتىك كۈرەشنىڭ باشلىنىش نوقتىسىدۇر.

شۇ كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدە 15 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىدى. بۇ ۋەقە بىلەن تەڭ قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، بۆرىتالا قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ تېزدىن ھەركەتكە كېلىپ، دەرس تاشلاپ، كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىشقا باشلىدى. خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شاڭخەي، بېيجىڭ، گۇاڭجۇ، نەنجىڭ، چوڭچىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئوقۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارمۇ دەرس تاشلاپ كوچىغا چىقىپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىنالىرىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلدى. ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى نامايىش ئىلگىرى  كېيىن بولۇپ، بىر ھەپتىگە قەدەر داۋام قىلدى.

«12 - دېكابىر ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان بۇ كۈرەش «تەڭرىتاغ پەرزەنتلىرى جەمئىيىتى»نىڭ تەسىرى ۋە يېتەكچىلىكىدە ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۈرۈمچىدىكى يەتتە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئۆز ئارا ئالاقىلىشىش تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىرقانچە ئاي پۇختا تەييارلىق كۆرۈش، ھەرقايسى مەكتەپلەردە بۇ كۈرەشنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى يارىتىش، تەشۋىقات، تەشكىلى جەھەتلەردە تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق پىلانلىق، تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلدى.

80 - يىللارنىڭ كىرىشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ياش يازغۇچى، شائىرلار شەرقىي تۈركىستاندا دېموكراتىك يېڭى بىر ئەدەبىي ئويغىنىش ئىنقىلابى قوزغاشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، جەمئىيەتتە ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ھەرخىل ئىلمىي مۇنازىرىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش، شېئىر دىكلاماتسىيە قىلىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق «12 – دېكابىر ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان بۇ كۈرەش، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرۇپ، جەمئىيەتتە ۋە مەكتەپلەردە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. يېڭى بىر ئويغىنىش، يېڭى بىر دېموكراتىك پىكىر ئېقىمى پەيدا قىلدى. بۇ مىللىي ئويغىنىش ياشلار ئارىسىدا ئالاھىدە تەسىر قوزغاپ «12 - دېكابىر ھەرىكىتى»نىڭ پارتلىشىغا شەرت - شارائىت ھازىرلىدى ۋە ئاساس ياراتتى.

بۇ ھەرىكەتنى پىلانلاش ۋە تەشكىللەشكە رەھبەرلىك قىلغۇچىلار ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىلى فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىسى مىجىت ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئىدى (باشقا رەھبەرلەرنىڭ ئىسمى يېزىلمىدى، چۈنكى ئۇلار ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھېلىمۇ خىتايلار تەرىپىدىن «گۇمانلىق» دەپ قارىلىپ، نازارەت قىلىنىپ كەلمەكتە). بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىلىرىدىن  مىجىت شەرقىي تۈركىستان ئوقۇغۇچىلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى، ئۈرۈمچى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىدى. مىجىت بۇ قېتىمقى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى پىلانلاشقا، تەشكىللەشكە يېتەكچىلىك قىلدى. تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى. ئەمما بەختكە قارشى 12 - دېكابىر كۈنى پارتلىغان بۇ ئىنقىلابنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىدى. چۈنكى مىجىت نامايىش كۈنىدىن ئۈچ كۈن بۇرۇن، يەنى 9 - دېكابىر كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇشكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ ئۆيىدە تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى. ئىلگىرى ھېچقانداق كىسىلى بولمىغان، تىمەن، ئوت يۈرەك ياشنىڭ تەسادىپى ئۆلۈمى بۈگۈنگە قەدەر سىر بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ قېتىمقى ياشلار ھەرىكىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە بىۋاستە تەسىر قىلغان سىياسىي ئىجتىمائىي سەۋەپلەر نېمىلەر ئىدى؟

خىتاي ھۆكۈمىتى 1964 - يىلدىن 1985 - يىلىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا ئوتتۇز قېتىمدىن ئارتۇق يەر ئاستى - يەر ئۈستى ئاتوم - يادرو سېنىقى ئېلىپ باردى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلىرى، ھاۋارايى بۇزۇلدى. تۇپراق، سۇ، ئۆسۈملۈك، مېۋىلىرى زەھەرلىنىپ، خەلق ئامالسىز زەھەرلىك ماددىلاردىن ئوزۇقلىنىشقا مەجبۇر بولدى. ھەرخىل ۋابا، جىگەر قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر پەيدا بولۇپ، ئون مىڭلىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى. بوۋاقلار ناكا، كەمتۈك تۇغۇلۇشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا پەرۋا قىلماستىن يەنە بىر قېتىم ئاتوم بومبىسىنى پارتلاتتى. خىتايلارنىڭ بۇ خىل ئۆكتەمىلىكى پەقەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىنغان ھاقارەت بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە، دۇنيا تىنچلىقىغا قىلىنغان تەھدىت ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ «يېرى كەڭ، نوپۇسى ئاز» دېگەن سىياسىي ئالدامچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ چۆللۈك، قۇملۇق، تاغلىق رايۇنلار ئىكەنلىكى، ئادەم ياشاشقا بولىدىغان بوستانلىقلارنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكى بىلەن ھېساپلاشماي، خىتاينىڭ سۈپەتسىز، بىلىمسىز پۇقرالىرىنى، خىيانەتچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆپلەپ يۆتكەپ چىقىپ، بۇ تۇپراقنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار قاتارلىق مۇسۇلمانلارغا تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئانىلارنى بوۋاقلارنى ئۆلتۈرمەكتە ئىدى. يەرلىك خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرى سان چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، مىليونلىغان ياشلار ئىشسىز، ماكانسىز، ئوقۇشسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ساختا سايلام ئۆتكۈزۈپ، دېموكراتىك سايلامنى چەكلەپ، زورلۇق بىلەن مىللىي مۇناپىقلارنى، خەلق خائىنلىرىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ۋەكىلى، مىللىي رەھبەرلىرى دەپ كۆتۈرۈپ چىقىپ، خەلقنى سۆيىدىغان رەھبەرلەرنى ھاكىمىيەتتىن بىر – بىرلەپ يىراقلاشتۇرغان ئىدى.

خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇ خىل مىللىي زوراۋانلىقى ۋە ئالدامچىلىقى خەلق قەلبىدە غەزەپ، ئېچىنىش، ھەسرەت ۋە قىساس ئوتلىرىنى يالقۇنجاتتى. پۈتۈن جەمئىيەتتە پەيدا بولغان نارازىلىق، قارشىلىقلار ۋەتەننىڭ ئوت يۈرەك ئوغلانلىرى مىللەتنىڭ بىلىملىك زىيالىيلىرى بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈرىكىدە يالقۇنجاشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ شەرقىي تۈركىستان يېقىنقى زامان تارىخىدا تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەملىك دېموكراتىك ياشلار ھەرىكىتى پارتلىدى. 12 - دېكابىر ئىنقىلابىنىڭ مەيدانغا كېلىشى تارىخىي تەقەززالىق نوقتىسىدىن، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ  پەۋقۇلئاددە قىيىن شارائىتتا دېموكراتىك ئىنقىلاب باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ. بۇ ھەرىكەت ئۈرۈمچىنىڭ قار - شىۋىرغانلىق قىش كۈنىدە يۈز بەردى. جەڭگىۋار ئوغۇل - قىز ئوقۇغۇچى ياشلار قىشنىڭ ئاچچىق - سوغۇق، قار - شىۋىرغانلىرىغا قارىماي، ئۈرۈمچىنىڭ بارلىق كوچىلىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئاھالىلەر رايونلىرىنى پىيادە ئايلىنىپ، ئاچلىققا، ھېرىپ چارچاشقا بەرداشلىق بېرىپ، سەھەردىن - كەچ كىرگۈچە نامايىش قىلدى. ئۇلار غەزەپلىك ۋە جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن: ئاتوم - يادروسىغا قارشى تۇرىمىز، ساختا سايلام ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن، دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بارايلى، كۆچمەن كۆچۈرۈش توختىتىلسۇن، شەرقىي تۈركىستان جازا لاگىرى ئەمەس، تۇغۇت چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن، مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرايلى دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاپ، نامايىشنى بىر نەچچە كۈن داۋام قىلدۇردى. پۈتۈن خەلق كوچىغا چىقىپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ، ئوت يۈرەك پەرزەنتلىرىنىڭ كۈرىشىنى قوللىدى. تەسىرلەنگەن خەلق كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا ئوقۇغۇچى ياشلارغا نان، سۇ تارقىتىپ بەردى. خەلق نامايىش سېپىگە قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما ئوقۇغۇچىلار خىتايلارنىڭ خەلققە بىھۇدە زىيانكەشلىك قىلىپ قويۇشىدىن ساقلىنىش ھەمدە نامايىشنىڭ تەرتىپ ـ ئىنتىزامىنى قوغداش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ قوشۇلۇشىنى توستى. ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدىن ھاياجانلانغان ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى ۋە ئىيۇل توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ئىشچىلىرى ئىش تاشلاپ نامايىش  قىلىشقا تەييارلانغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئالدىن سىزىپ قېلىپ، ئىشنىڭ زورىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، يېتەكچىلەردىن بىر نەچچىسىنى تۇتۇپ، ئىشچىلارنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

ئوقۇغۇچى ياشلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى ۋە كۈرەشلىرى نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشۈشكە، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. ھۆكۈمەت تەرەپ دەسلەپ ھەر بىر ئالىي مەكتەپتىن بىردىن ئوقۇغۇچى ۋەكىلى بولۇش تەلىپىنى قويدى. نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار بۇ تەلەپنى قەتىي رەت قىلىپ، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتى ئون ۋەكىل، قالغان يەتتە ئالىي مەكتەپتىن بەشتىن ۋەكىل قاتناشتۇرۇش تەلىپىنى قويدى. ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار يىگىرمە ۋەكىل كىرگۈزدى. بۇ ۋەكىللەر ئوقۇغۇچى ياشلارنىڭ، شۇنىڭدەك شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالتە ماددىلىق ھەققانىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلدى:

بىرىنچى، شەرقىي تۈركىستان( شىنجاڭ )دا دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىش، خەلق ئۆزى خالىغان، سەۋىيەلىك رەھبەرلەرنى سايلاپ چىقىش،

ئىككىنچى، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتوم - يادرو سېنىقى ئېلىپ بېرىشنى توختىتىش،

ئۈچىنچى، شەرقىي تۈركىستانغا كۆچمەن، جىنايەتچى يۆتكەشنى توختىتىش،

تۆتىنچى، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش،

بەشىنچى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە قويۇلغان تۇغۇت چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش،

ئالتىنچى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش.

سۆھبەت ئىككى كۈن داۋام قىلدى. بۇ ئۇچرىشىشقا ھۆكۈمەت تەرەپتىن خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن سۇڭ خەنلىئاڭ (كومپارتىيەنىڭ باش سېكرىتارى)، ھامىدىن نىياز (مۇئاۋىن سېكرىتار، خەلق قۇرۇلتىيى مۇدىرى)، خۇاڭ باۋزاڭ (ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى)، جانابىل (كومپارتىيەنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى ) قاتارلىق ئون نەچچە ئەمەلدار، يەنە ئون نەچچە سىياسىيۇن - مۇتەخەسىسىلىرى قاتناشتى. ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ھەققانىي تەلەپلەرگە ھەرقانداق ئاھۋالدا قايىل قىلارلىق جاۋاپ بېرەلمەيىتتى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي ئۆزلىرىچە بۇ تەلەپلەر ھەققىدە مۇتەخەسىسىلەرگە ماتېرىيال تەييارلاتقۇزۇپ، ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىشقان ئىدى. ئەمما ئۇلار بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان سۆھبەتلىشىۋاتقان ياشلار ئاساسسىز، يالغان پاكىتلارغا، قۇرۇق گەپكە، ئالدامچىلىققا ئالدىنىپ قالىدىغان، قايىل بولۇپ قالىدىغان ساددا، بىلىمسىز كىشىلەردىن ئەمەس ئىدى. بۇ ياشلار ۋەكىللىرى ھەرقايسى بىلىم ساھەلىرىدىن ئەتراپلىق ساۋاتقا ئىگە بولغان كەسىپ ئەھلىلىرى بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇلارنىڭ پىكرى ئالدىدا، بولۇپمۇ ھەقىقەت ئالدىدا ئاجىز قالدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىمسىزلىكى، قابىلىيەتسىزلىكىنى ئاشىكارىلاپ قويدى. بۇنىڭغا شۇنداق بىر ۋەقەنى مىسال قىلىش كۇپايە:

سۆھبەت ئاتوم سېنىقى ئۈستىدە بولىۋاتاتتى، ياشلار ۋەكىللىرى ئىلمىي، پەننىي پاكىتلار بىلەن ئاتوم - يادرو سېنىقىغا قارشى سۆزلەۋاتاتتى. دەل شۇ چاغدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى  بولغان جانابىل (قازاق، مەدەنىي مائارىپ، تەشۋىقات خىزمىتىگە مەسۇل ئەمەلدار): " بىز ئاتوم بومبىسىنى شامال غەرپتىن شەرققە قاراپ چىققاندا ئاتىمىز. بۇنداق ئەھۋالدا شىنجاڭغا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ "دەپ بىلەرمەنلىك، ساختىپەزلىك قىلىپ سۆزلىدى. ئۇنىڭ بۇ مەنتىقىسىز سۆزى تۇگىمەستىنلا پۈتۈن مەيداننى مەسخىرىلىك كۈلكە قاپلاپ كەتتى. ئارقىدىنلا ياشلارنىڭ بىر ۋەكىلى ئورنىدىن تۇرۇپ: ھۆرمەتلىك سېكرىتار، ئاتوم بومبىسى سىزنىڭ قايسى تەرەپكە ھويت دېسە شۇ تەرەپكە ماڭىدىغان تاغدىكى قويىڭىز ئەمەس دەپ ئەجەللىك زەربە بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى شامال يۆنىلىشلىرى، ئاتوم زەرىچىلىرىنىڭ تەسىر قىلىش دائىرلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر زىيانلىرى ھەققىدە ئىلمىي پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى (ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ رەسۋاچىلىق تۈپەيلىدىن ھۆكۈمەت جانابىلنى قاتتىق تەنقىت قىلغانمىش). ھۆكۈمەت تەرەپلىرى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلللىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئاجىز، پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ ھەيۋە قىلىشقا، بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇندى. بۇ تاكتىكىسىمۇ ئەسقاتمىغاندىن كېيىن، ئېسىل يېمەكلىكلەر بىلەن زىياپەت تەييارلاپ ئالدىماقچى بولدى. ئەمما مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئارزۇ - ئىستەكلىرى، ھەققانىي تەلەپلىرى يولىدا بولىۋاتقان بۇ كۈرەشلەرنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ۋە قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇ كۈرەشلەردىكى ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن بۇ ياشلار ھەرقانداق ھىلە - مىكىرلىرىگە ئالدانمايتتى. خىتاي مۇستەبىتلىرى ئوقۇغۇچى ياشلار ھەرىكىتىنىڭ دولقۇنى بىرئاز پەسەيگەن، نورمال ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دېكتاتور ئىشلىتىشكە باشلىدى. ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە «12 – دېكابىر ۋەقەسىنى ئىنىقلاش، بىر تەرەپ قىلىش كومىتىتى» قۇردى ۋە بۇ خىزمەتكە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىۋاستە رەھبەرلىك قىلىپ، ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلغانلارنىلا ئەمەس، بەلكى ئىشتىراك قىلغۇچىلار ھەتتا ھېسداشلىق قىلغۇچىلارنىمۇ سۈرۈشتە قىلىپ ئېنىقلاشقا باشلىدى. بارلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئۈچ كۈن دەرس توختىتىپ، سىنىپلارغا قەدەر تەكشۈرۈش گۇرپپىلىرى ئەۋەتىپ ھەر بىر ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ ھەرىكەتكە بولغان كۆزقارشىنى مەجبۇرى سۆزلەتكۈزدى. قاتناشقۇچىلارغا دېكتاتۇر يۈرگۈزۈپ، «تەكشۈرۈش ماتېرىيالى» يېزىشقا قىستىدى. يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنى «خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش، تۆۋە قىلىشقا» مەجبۇرلىدى. بۇ ھەرىكەتنى «12 - دېكابىر جېدەل چىقىرىش ۋەقەسى» دەپ ئاتىدى. خاتالىقىنى تونىمىغانلارغا، كۆز قارىشى ئېنىق بولمىغانلارغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى بېرىلمەيدۇ، دەپ بەلگىلىمە ئېلان قىلدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ يېتەكچىلىرى ۋە ئاكتىپ قاتناشقۇچىلىرىغا مەكتەپتە قالدۇرۇپ سېناش، ئارخىپىغا گۇناھ يېزىش، ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق جازا چارىلىرىنى ئىجرا قىلدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەڭ چەت يېزىلارغا ھەيدەپ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش، ئىقدىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ ئۆچ ئالدى. بۇ ياشلارنىڭ بىر قىسمى تاكى بۈگۈنگە قەدەر گۇمانلىق، دەپ قارىلىپ، نازارەت ئاستىدا ياشىماقتا. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمدارلىرى شەرقىي تۈركىستان دېموكراتىك ياشلار ھەرىكىتىنى جېدەل چىقىرىش ۋەقەسى دەپ قارىلاپ قاتناشقۇچىلارغا دېكتاتۇر يۈرگۈزۈپ، ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىپ شەرقىي تۈركىستاندا 2 - قېتىم دېموكراتىك ياشلار ھەرىكىتىنىڭ مەيدانغا چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولدى. ئەمما خىتايلارنىڭ دېكتاتۇرىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ئويغىنىشنى، ياشلار ھەرىكىتىنى توسۇپ قالالغىنى يوق. ئەكسىچە ياشلار ھەرىكىتى تېخىمۇ كۈچىيىپ باردى.

1988 - يىلى 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شەرقىي تۈركىستاندا 2 - قېتىم دېموكراتىك ياشلار ھەرىكىتى پارتلىدى. 12 - دېكابىر ھەرىكىتىدىن ئۈچ يىل كېيىن قوزغالغان بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلدى. مەن (دولقۇن ئىيسا) 12 - دېكابىر ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلىرىدىن ئىدىم. 2 -قېتىملىق ياشلار ھەرىكىتىگە مەسلەكداش دوستلىرىم بىلەن بىرلىكتە بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلدىم ۋە ئۇنى پىلانلىدىم (دوستلىرىم ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا نازارەت ئاستىدا تۇرىۋاتقاچقا ئىسىملىرىنى ئاتىمىدىم). 1988 - يىلى 15- ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتىدە مىللىي كەمسىتىشكە نارازىلىق بىلدۈرۈش يىغىلىشى ۋە دەرس تاشلاپ نامايىش قىلىش ھەرىكىتى قوزغىدى. ئوقۇغۇچىلار ئىككى كۈن كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلدى. نامايىشقا تۆت مىڭدىن ئارتۇق ياش قاتناشتى. بۇ قېتىمقى دېموكراتىك ئىنقىلاب شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. مىللەتنىڭ ياشلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتتى. شەرقىي تۈركىستان دېموكراتىك ئىنقىلابىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈردى.

«15 - ئىيۇن ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان بۇ ھەرىكەتنى ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتىنى مەركەز قىلىپ، بىر قانچە ئالىي مەكتەپتە قۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلار پەن - مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى تەشكىللىدى. ئۇلار ئۇزۇن تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق جەمىيەتتە ۋە ئالىي مەكتەپلەردە بۇ قېتىمقى ئىنقىلابنىڭ ئىجتىمائىي شەرت - شارائىت ھازىرلىدى. «12-دېكابىر» ھەرىكىتىدىن كېيىن، جەمئىيەتتە ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ياشلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئاممىۋىي تەشكىلاتلار جەمئىيەتلەر قۇرۇلدى. بۇ جەمئىيەتلەرنىڭ ئىچىدىكى پائالىيەتلىرى بىر قەدەر جانلىق، تەسىرى كۈچلۈك بولغىنى ئوقۇغۇچىلار پەن - مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى ئىدى. بۇ ئۇيۇشمىدىكى مەسلەكداش دوستلار، ساۋاقداشلار جاپالىق تىرىشىش، پۇختا تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق 1987 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بەش يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇغۇچىلار پەن - مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ چىقتۇق. مەن ئۇيۇشما رەئىسلىكىگە سايلاندىم. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ سانى 1 مىڭ 500 دىن ئېشىپ كەتتى. تەبىئىيكى بۇ  ئۇيۇشما سىياسىي تەشكىلات ئەمەس ئىدى. بۇ بىر ئاممىۋىي، ئىجتىمائىي تەشكىلات بولۇپ، مىللەتنىڭ جەمئىيەتنىڭ پەن - مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى، ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇشنى مەقسەت قىلاتتى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمدارلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى خالىمايتتى. شۇڭلاشقا، بۇ ئۇيۇشمىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىنىپ، تەسىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چىدىمىغان ھۆكۈمەت، مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۇيۇشمىنىڭ قۇرۇلىشىغا ئۇقماستىن رۇخسەت بېرىپ قويغانلىقىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلىشتى. ئۇيۇشما پائالىيەتلىرىگە قەستەن بەزى  توسالغۇلارنى پەيدا قىلىشقا تىرىشتى. ئەمما ئىمكانىيەت يار بەرگەن، قانۇن يول قويغان دائىرىلەردە، يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيۇشما پائالىيەتلىرىنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ باردۇق. بارا - بارا پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردىمۇ ئارقا – ئارقىدىن پەن - مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ، قېرىنداش ئۇيۇشمىلار تورىنى شەكىللەندۈردۇق. ئاخىرىدا ئالىي مەكتەپلەر ھەمكارلىق كومىتېتىنى قۇرۇپ چىقتۇق. ئۇيۇشما تەتىل ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەزالىرىنى ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىپ ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش، مەدەنىيەت كۇرسلىرىنى ئېچىش، جەمئىيەت تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى. بولۇپمۇ 1988 - يىلى غۇلجىغا جەمئىيەت تەكشۈرۈشكە بارغان گۇرۇپپا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتتى. ئۇلار تەتىل داۋامىدا غۇلجىدىكى ئون يەتتىدىن ئارتۇق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ خاراپلىشىۋاتقان، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئېچىنىشلىق مىللىي مائارىپىمىز بىلەن ھەشەمەتلىك، تەرەققىي قىلىۋاتقان خىتاي مائارىپىنى سېلىشتۇرۇپ، ئەمىلىي پاكىتلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سىنالغۇ لىنتىسىنى ئىشلەپ، يەتمىش پارچىدىن ئارتۇق فوتۇ سۈرەت تارتىپ كەلدى. شۇ چاغدا غۇلجىدا سىنىپلار ئۆرىلىپ كەتكەن ياكى خەتەرلىك ھالغا  كېلىپ قالغان ۋە سىنىپ يېتىشمەسلىكتىن  ئون مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى ئوقۇشسىز قالغان ئىدى، بىز ئەمىلىي پاكىتلارغا ۋە تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، خاراپلاشقان مىللىي مائارىپ ھاققىدە بىر يازما دوكىلات تەييارلىدۇق ۋە ھۆكۈمەتكە يوللاپ، مىللىي مائارىپنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردۇق. سىنالغۇ لىنتىسىنى قويۇپ، فوتۇ سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىپ، جەمئىيەتكە ۋە مىللەتكە مىللىي مائارىپىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش چاقىرىقىنى چىقاردۇق. ئۇيۇشما سەنئەت ئۆمىكى تەشكىللەپ ئەجدادلار ئىزىدىن ئۇيغۇر ئوغلى ئابدۇلخالىق ئۇيغۇرى قاتارلىق تارىخى دىرامىلارنى تەييارلاپ، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ۋە جەمئىيەتتە كۆرسىتىپ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك تەشۋىقاتى ئېلىپ باردۇق. ياشلار ھەرىكىتى كۈچلۈك راۋاجلىنىۋاتقان كۈنلەردە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلارمۇ بەزى ئەسەبىيلىشىش ھەرىكەتلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە باشلىدى. خىتايلار تەپ تارتماستىن ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا: ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىن چىقىپ كەتسۇن دېگەندەك شۇئارلارنى چاپلاشقا باشلىدى. بۇ خىل ئەشەددى ھەرىكەتلەر بولۇپمۇ ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئەڭ  روشەن ئەڭ كۈچلۈك ئەكس ئېتىشكە باشلىدى. مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنى نازارەت ۋە كونترول قىلىش مەقسىتىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقى شۇئارى ئاستىدا خىتاي ۋە مىللىي ئوقۇغۇچىلارنى بىر بىنادا، بىر ياتاقتا ياتقۇزۇش بەلگىلىمىسىنى چىقارغاندىن كېيىن: چەنتۇلار بىلەن بىللە ياتمايمىز، قازاقلار قوي پۇرايدۇ دېگەندەك مىللىي كەمسىتىش ۋە ھاقارەت مەزمۇنلىرىغا تولغان سەكسەن نەچچە پارچە تەشۋىقات ۋارىقى مەكتەپ تاملىرىغا چاپلاندى. خىتايلارنىڭ بۇ خىل رەزىل قىلمىشى، قانۇنسىز پائالىيەتلىرىنى مەكتەپ رەھبەرلىرى سۈرۈشتە قېلىپمۇ قويمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتى فېزىكا فاكۇلتېتى بىناسىنىڭ ھاجەتخانە ئىشىكىگە خىتايلار تەرىپىدىن: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىرىنى قۇل قىلىپ، قىزلىرىنى جالاپ قىلىۋىتەيلى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى قېرى سەللە باشلار، چەنتۇلار بىلەن چوشقىلارنىڭ بۇ يەرگە تاھارەت قىلىشى چەكلىنىدۇ دېگەن ئىنتايىن رەزىل، ئىنتايىن ئەكسىيەتچىل شۇئارلار يېزىلدى. ھەرقانداق كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان، بۇ ۋەتەننىڭ بۇ تۇپراقنىڭ ئىگىسى، خوجايىنى  بولغان ئۇيغۇرلارنى ھاقارەتلەيدىغان مۇنداق ئىپلاس شۇئارلارنىڭ ئاشكارا چاپلىنىشى ھەرگىزمۇ تەسادىپى ۋەقە بولماستىن، بۇنىڭ ئارقىسىدا نۇمۇسسىز خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ ۋەھشى سىياسىي مەقسەتلىرى يوشۇرۇلغان ئىدى. مىللىي ئوقۇغۇچىلار بۇ ۋەقەنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە، قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، بىر ئاي جاۋاپ كۈتكەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق سۈرۈشتە بولمىدى. بۇ ۋەقە پارتلاش ھالىتىدە تۇرغان دېموكراتىك ياشلار ھەرېكىتىنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلنشى ئۈچۈن ئوت تۇتاشتۇرغۇچى پىلىك رولىنى ئوينىدى.

تاقەت قىلالمىغان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىل كىرگۈزۈپ، مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەمدە بۇ ئەكسىيەتچى ۋەقەنى ئېنىقلاش خىزمىتى ھەققىدە بارلىق مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا دوكلات بېرىشنى تەلەپ قىلدى. مەكتەپ تەشكىلى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلىنىڭ بۇ ھەققانىي تەلىپىنى رەت قىلدى. قاتتىق غەزەپلەنگەن ئوقۇغۇچىلار  ئۆزلىرى يىغىن تەشكىللەش قارارىغا كەلدى. ئەتىسى 15 - ئىيۇن كۈنى فېزىكا بىناسىنىڭ ئالدىدا مىللىي كەمسىتىشكە نارازىلىق بىلدۈرۈش يىغىنى ئاچتى. بۇنىڭدىن ئون بەش كۈن ئىلگىرى پەن - مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى نامىدىن ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ۋەكىلى قاتناشقان ئون ئىككى كىشىلىك گۇرۇپپا ھۆكۈمەت، پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي مەسىلىلەر، مىللىي مائارىپ قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى ئىپادىلەپ يازما دوكلات سۇنغان ئىدى. 15 - كۈنى سەھەردە مەكتەپ تەشكىلى مەن بىلەن يەنە بىر ئۇيۇشما رەھبىرىنى ھۆكۈمەت تەرەپ سۆھبەتكە چاقىرغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بىز ئون ئىككى ۋەكىلىمىز تولۇق بولمىغان ئەھۋالدا ھەرقانداق سۆھبەتكە قاتناشمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ رەت قىلدۇق. مەكتەپ رەھبەرلىرى بۈگۈنكى رەسمى سۆھبەت ئەمەس، سۆھبەتنىڭ كۈن تەرتىپىنى بەلگىلەيدىغان، مەزمۇنى ھەققىدە سۆزلىشىدىغان يىغىن، دېگەندىن كېيىن بىز بېرىشقا قوشۇلدۇق. ئەمما ئۇلار بىزنى ئالدىغان ئىدى. بىز رەسمىي سۆھبەت ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق. پارتكۇم مۇئاۋىن سېكرىتارى جانابىل، مائارىپ نازىرى جاڭ ياڭ، مالىيە نازىرى مەھمۇد، پىلان كومىتېتى مۇدىرى توختى ئىلى قاتارلىق ئەمەلدارلار سۆھبەت ھازىرلىقىدا تەييار تۇرغان ئىكەن. سۆھبەت باشلىنىپلا جىددى مۇنازىرە بولدى. بىزنىڭ تەلەپلىرىمىز ھەققانىي بولغاچقا، تېزلا غالىپ كەلدۇق. جانابىل ھەرخىل بانا، سەۋەپ ۋە پاكىتلارنى كۆرسىتىپ، بىزنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ بىزنىڭ ئاساس ۋە دەلىللىرىمىز ئالدىدا ئاجىز كەلدى. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مائارىپى ھەققىدىكى مۇنازىرە ناھايىتى كەسكىن بولدى. سۆھبەت بەش سائەت داۋام قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار بىزنىڭ ھەققانىي تەلەپ - سوئاللىرىمىزغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمىدى. بىزنى قايىل قىلالمىدى. نەتىجىدە سۆھبەت كېينىگە سۈرۈلدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن قايتا سۆھبەتلىشىدىغان بولۇپ قايتتۇق. مەكتەپتە يىغىلىش بولىۋاتاتتى. مەكتەپ رەھبەرلىرى مېنى سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈشكە قىستىدى. مەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەممە ئەھۋالنى قىسقىچە سۆزلەپ بەردىم. پۈتۈن ئوقۇغۇچىلار چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى. مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش يىغىنى سائەت ئىككىگە قەدەر داۋام قىلدى. ئارقىدىنلا ئوقۇغۇچىلار شۇئار تاختىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، مەكتەپتىن ئايرىلىپ  كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىشقا باشلىدى. پۈتۈن شەھەر خەلقى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ بىزنى قىزغىن ئالقىشلىدى. قاتتىق تەسىرلەنگەن خەلق، ئوقۇغۇچى ياشلارغا ئېسىلىشىپ ھۆكىرەپ يىغلىدى ۋە قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. خەلقنىڭ بۇ خىل ھاياجانلىق قوللاشلىرىدىن جاسارەتلەنگەن ياشلارنىڭ نامايىش قوشۇنى ئاچلىق، ھىرىپ - چارچاشقا قارىماستىن شەھەرنى ئايلىنىپ: «مىللىي كەمسىتىشكە نارازىلىق بىلدۈرىمىز، ياشىسۇن كىشلىك ھوقۇق، ياشىسۇن مىللىي باراۋەرلىك، خىتايلارنىڭ قۇل قىلىشىغا قارشى تۇرىمىز، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن، مىللىي مائارىپىمىزنى قوغداپ قالايلى!» دېگەندەك جەڭگىۋار شۇئارلارنى ياڭرىتىپ، كۈرەشلىرىنى داۋام قىلدى. بۇ قېتىمقى كۈرەشنىڭ پروگراممىسى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى: كىشلىك ھوقوقلىرىمىزنى تەلەپ قىلىش.

ئىككىنچى: مىللىي كەمسىتىش، مىللىي تەڭسىزلىككە قارشى تۇرۇش.

ئۈچىنجى : خاراپلىشىۋاتقان مىللىي مائارىپىمىزنى قوغداپ قېلىش.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ كۈرەشلىرىدىن قاتتىق ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. ھۆكۈمەت ئىككىنچى قېتىملىق ياشلار دېموكراتىك ھەرىكىتىنىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا 15 – ئىيون جېدەل چىقىرىش ۋەقەسى دەپ ئاتىدى ۋە مەخسۇس ھۆججەت تارقىتىپ، بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ پرىنسىپلىرىنى، بەلگىلىمىلىرىنى ئېلان قىلدى. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن ھامىدىن نىياز، جانابىل، خۇاڭ باۋجاڭلارنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدىكى ئېنىقلاش، بىر تەرەپ قىلىش كومىتېتىنى قۇرۇپ چىقتى. ئالىي مەكتەپلەرگە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنى ئەۋتىپ، مەخسۇس ئىشخانا تەسىس قىلدى. ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆزىدىلا تەركىبىدە قوراللىق ساقچىلار بولغان تۆت يۈز كىشلىك دېكتاتورا گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلىرىنى قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئالدى. كېچە – كۈندۈز نازارەت قىلىشقا باشلىدى. ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىش چەكلەندى. بىر يەرگە بېرىش ئۈچۈن رۇخسەت سوراش بەلگىلەندى. ئارقىسىغا پايلاقچى سېلىپ قاتتىق كۆزەتتى. ئۇيۇشما ھەيەتلىرىنىڭ بىر – بىرى بىلەن ئۇچرىشىشى، پاراڭلىشىشىمۇ چەكلەندى. تەتىل مەزگىلىدە ئۆيىمىزگە قايتىشىمىزغا رۇخسەت قىلىنمىدى. ئۆيىگە قايتقانلارنى چاقىرتىپ كېلىپ سوراق قىلدى. بۇ خىل ئېنىقلاش پائالىيىتى تۆت ئاي داۋام قىلدى. ھۆكۈمەت تەرەپ ئالدىنقى قېتىم قوللانغان تاكتىكىسىنى قايتا بىر قېتىم ئىشلەتتى. نامايىشتىن كېيىن ئۈچ كۈن دەرس توختىتىپ، سىنىپلارغىچە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە، خاتالىقىنى تونۇشقا قىستىدى. لېكىن ئۇلار كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىدى. كۆپچىلىك ھەقىقەتتە چىڭ تۇردى. بۇ قېتىمقى كۈرەشنىڭ ھەققانىي ۋە توغرا داۋا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەرقىي تۈركىستان زىيالىيلىرىنىڭ، ياشلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش ئېڭىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى نامايان قىلدى. پروفېسسورلار، ئوقۇتقۇچىلار ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلىپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئىنتايىن پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. مىسال ئۈچۈن مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ ئۆتۈش كۇپايە قىلىدۇ:

ئېنىقلاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ھامىدىن نىياز ئۇنىۋېرسىتېتىمىزگە كېلىپ پروفېسسورلارغا يىغىن ئېچىپ، 15 – ئىيون ۋەقەسىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەشكە، بۇ ۋەقەنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇشقا قىستايدۇ. پروفېسسورلار پىكىر قىلماستىن جىم ئولتۇرۋېلىش ئارقىلىق نازرازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ قىستاۋەرگەندىن كېيىن، بىر پروفېسسور تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ، شۇنداق دەيدۇ: خەنزۇ خەلق چۆچەكلىرىدە شۇنداق بىر ۋەقە بايان قىلىنىدۇ. بىر پادىشاھنىڭ تەختى زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، پادىشاھ مەملىكىتىدىكى ھەر تەبىقە كىشىلىرىنى چاقىرتىپ مەسلىھەت سورايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بايلار، كەمبەغەللەر، دانىشمەنلەر بولۇپ، بىر كەمبەغەل پادىشاھقا: دات، پادىشاھى ئالەم، بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچسىلە، مەن ئەرزىمنى بايان قىلاي دەپ سۆزىنى باشلايدۇ. پادىشاھ كەچتىم، دېيىشى بىلەن ئۇ سۆزىنى باشلايدۇ. پروفېسسور شۇ يەرگە كەلگەندە دەرھال ھامىدىن نىيازغا قاراپ،  دات، پادىشاھى ئالەم، بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچسىلە، مەن سۆزلەي، دەيدۇ. پۈتۈن مەيداننى كۈلكە قاپلاپ كېتىدۇ. ھامىدىن نىيازنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، بەكمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇ پروفېسسور تەكرار:

ــــ دات، پادىشاھى ئالەم، بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچسىلە، مەن سۆزلەي دېگەندە، ھامىدىن نىياز : سۆزلەڭ، سۆزلەڭ، ھەممە ئادەمنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكى بار، دەپ ئۆڭۈپ كەتكەن.

پروفېسسور : كەچتىم دېسىلە، تۆت بالام بار، دەپ قاتتىق كىنايە قىلىغان. ھاماقەت ئەمەلدار، كەچتىم، دېگەن. ئاندىن پروفېسسور مۇنۇلارنى سۆزلىگەن:

-        ھۆرمەتلىك مۇدىر، سىز خىتايلار شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان)غا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنداق ئۆزگىرىش بولدى، مۇنداق تەرەققىيات بولدى، دەيسىز. توغرا، سىز بىر يەكشەنبە كۈنى بەش ياشلىق نەۋرىڭىزنى ئەگەشتۈرۈپ ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىپ كۆرۈڭ، نېمە دېگەن چىرايلىق بىنالار، نېمە دېگەن ھەشەمەتلىك مېھمانخانىلار. ئەپسۇسكى، سىز شۇ بىنالارنىڭ بىرىگە كىرىپ، خالىغان بىر ئىشىكنى چىكىڭ، ئۇ ئۆيدىن كىم چىقىدۇ؟ بۇ ھەشەمەتلەرنىڭ قانچە پىرسەنتىدىن سىزنىڭ مىللىتىڭىز بەھرىمەن بولىۋاتىدۇ؟ سىزنىڭ يۇرتىڭىز بۈگۈردىن نېفىت چىقتى. سىز ئۇ يەرگە قاراپ بېقىڭ، نېمە دېگەن سۈزۈك!؟ نېمە دېگەن چىرايلىق!؟ ئەپسۇسكى، بۇ نېفىتتىن بىر كورۇشكا ئېلىپ ئىشلىتەلەمسىز؟ بۈگۈر خەلقى يۇرتداشلىرىڭىز كەمبەغەللىكتىن، بىچارىلىقتىن قۇتۇلدىمۇ؟ پروفېسسور شۇ سۆزلەرنى قىلىپ، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىغان. ھامىدىن نىياز گەپ – سۆز قىلالماستىن ئولتۇرۇپ قالغان. ئۇ پروفېسسورلارنىڭ ئۆتكۈر كۈرەشلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، ئامالسىزلىقتىن ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما ھۆكۈمەتكە قايتىپ بېرىپلا خىتاي ئاكىلىرىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ: ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر ئۇچۇم قاۋان كۈچلەر ماڭا قورشاپ ھۇجۇم قىلدى، دەپ يىغلاپ شىكايەت قىلغان. خىتايلارنىڭ بۇ سادىق غالچىلىرى، مىللىي مۇناپىقلار ئۆزلىرىنىڭ ساۋاتسىزلىقىنى، بىلىمسىزلىكىنى ھەر دائىم چاندۇرۇپ تۇراتتى.

بۇنىڭغا ئەمەلىي مىسال بولىدىغان، جانابىلنىڭ مۇنداق ئۈچ ئېغىز سۆزى زادىلا ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بىزنى تەكشۈرىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، جانابىل يىگىرمىگە يېقىن يالاقچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا مەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى (چىرايلىق ئىسمى سۆھبەت بولۇپ، ئەمەلىيەتتە سوراق ئىدى). ئۇ ماڭا:

1 – دولقۇن سېنىڭ يازغان، ئوينىغان دىراممىلىرىڭ خاتا، چۈنكى لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەر. ئەمما  كومپارتىيە ئەزاسى ئەمەس، شۇنداقكەن دىرامما ئويناشقا بولمايدۇ.

2 – بەزى سىنىپلارغا كىرسەم مەھمۇد قەشقىرى، ئابايلارنىڭ سۆزلىرى خۇشخەت بىلەن يېزىلىپ يوغان قىلىپ ئېسىپ قويۇلۇپتۇ. بۇلارنى ئېلىۋېتىش كېرەك، چۈنكى ئاباي قونانباي بىزنىڭ شائىرىمىز ئەمەس، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شائىرى.

3 – بىر تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچى خىتايلارنىڭ زېمىنى، سىرتى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى ئىدى، تارىختا خىتايلار ئۇيغۇرلاردىن قورقۇپ سەددىچىن سېپىلىنى سالدۇرغان، دەپ دەرس سۆزلەپتۇ. بۇنداق تارىخ بىلمەيدىغان ئوقۇتقۇچىنى مەكتەپتىن ھەيدىۋېتىش كېرەك، دەرس بېرىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش كېرەك. شىنجاڭ مىلادىدىن ئىلگىرى ئاتمىشىنجى يىللاردىلا جۇڭگۇنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان. سەددىچىننىڭ سېلىنىشىدىكى سەۋەپ، سېپىلنىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى قەبىللەرنىڭ قوي، چارۋىلىرى ئارىلىشىپ كېتىپ بەزى جېدەللەر چىققان. ئارىلىشىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەددىچىن سېپىلى سېلىنغان.

مانا بۇ سۆزلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي ۋەكىلى، رەھبىرىنىڭ ئېغزىدىن چىققان سۆزلەر ئىدى. خىتايلار ئەنە شۇنداق ساۋاتسىز غالچىلارنى تاللاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلەپ ئۆز يېغى بىلەن ئۆز گۆشىنى قورۇش تاكتىكىسىنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە.

مىللەت بۇنداق مىللىي رەھبەر ئىچىدىن كىمنىڭ ھەقىقىي خىتاي غالچىسى، كىمنىڭ ئەسلىدىن خىتاي جاسۇسى، كىمنىڭ ئىككى يۈزلىمىچى،  پۇرسەتپەرەس ۋە كىمنىڭ مەنپەئەت ئۈچۈن، مىللەت تەقدىرى ئۈچۈن جان كۆيدۈرگۈچى ئىكەنلىكىنى ئوڭايلا ئايرىپ ئالالايدۇ. بۇ قېتىمقى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا، ئوقۇغۇچىلارنى جازالاشقا، خوجايىنلىرىغا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن مىللىي مۇناپىقلاردىن يۇقىرىقىلاردىن باشقا مۇھەممەد ئىسمايىل (ھۆكۈمەت مۇئاۋىن باش كاتىپى)، سادىر قاسىم (مائارىپ نازارىتى مۇئاۋىنى)، نىياز (پارتكوم مەخپىيەتلىك ساقلاش باشقارما باشلىقى)، ئىبراھىم خالىق (ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى)، ئابدۇلھەكىم (پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى)، سابىقات (ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتى مۇئاۋىنى)، توختى ئابدۇللا (پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مائارىپ باشقارما باشلىقى )، مۇھەممەد ئەلى دانى (خەلق قۇرۇلتىيى كاتىبات باشقارما كاتىپى)، روزىيۇپ (ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى مۇدىرى)، ئابدۇلھەمىد ھېلىم (سانائەت ئېنىستىتوتى مۇئاۋىن مۇدىرى)، مەخسۇتبىك (ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتى فېزىكا فاكۇلتېتى مۇئاۋىنى) قاتارلىقلارنى ئۇنتۇپ قېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بۇلار ئەمەلىي پەيىتلەردە، خىزمەت مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈپ، خوجايىنلىرىغا سادىقلىقىنى ئىپادىلەش، جىددىي پۇرسەتتە تۆھپە يارىتىپ ياخشى كۆرۈنۈش مەقسەتلىرىدە خەلقنىڭ، مىللەتنىڭ قان بەدىلىگە كەلگەن جانىجان مەنپەئەتلىرىنى ساتىدىغان مىللىي مۇناپىقلاردۇر. مىللەت كەلگۈسىدە چوقۇم بۇلاردىن قىساسىنى ئالماي قويمايدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ ئىسىملىرى تۈرلۈك سەۋەپلەردىن ئېلان قىلىنمىدى. دېمەك، خىتايلار يۇقىرىقىدەك مىللىي مۇناپىق غالچىلارغا تايىنىپ، ياشلار ھەرىكىتىگە قاتناشقۇچىلارنى سوراق قىلدى، جازالىدى. پەقەت مېنىلا ئوتتۇز  نەچچە قېتىم سوراق قىلىشتى، 1988 – يىلى 9 – ئاينىڭ 27 – كۈنى بارلىق ئالىي مەكتەپلەردە جىددىي يىغىن ئېچىپ، 15 – ئىيون ياشلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىگە جازا چارىلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىككى ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئېلىپ تاشلاش جازاسى بەدرى. بۇنىڭ بىرسى مەن. باشقا ئون بىر نەپەر ئوقۇغۇچىغا ئايرىم – ئايرىم ھالدا، مەكتەپتىن قالدۇرۇپ سېناش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش چارىلىرى كۆرۈلدى. پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بىر نەپەر ئوقۇغۇچىمۇ مەكتەپتىن قوغلاندى، سەككىزگە ھەرخىك چارىلەر كۆرۈلدى. باشقا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلىرىمۇ ئوخشاش جازالارغا ئۇچرىدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر چەت يېزا – قىشلاقلارغا قوغلاندى. بەزىلىرى خىزمەتكە تەخسىم قىلىنمىدى. بۇلارنىڭ بىر قىسمى ھازىرغىچە نازارەت ئاستىدا ياشىماقتا. مەنمۇ بەزى ئىمكانلاردىن پايدىلىنىپ چەتئەلگە قېچىپ چىققاندىن كېيىنلا خىتايلار تەقىبىدىن قۇتۇلۇپ، سىياسى ئەركىنلىكىمگە ئېرىشتىم.

ئارقا – ئارقىدىن پارتلىغان ئىككى قېتىملىق دېموكراتىك ياشلار ھەرىكىتى شەرقىي تۈركىستان دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. بۇ ۋەتىمىمىزنىڭ يېقىنىقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دېموكراتىك ئىنقىلاب بولدى. بۇ ئىنقىلاب ئەڭ كۈچلۈك ئويغىتىش رولىنى ئوينىدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، كىشىلىك ھوقوقى، ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرەشلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە داۋام قىلىدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى. خەلقنىڭ زىيالىيلارغا، ياشلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى، ئۈمىدىنى كۈچەيىتتى. خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ ئالدامچىلىقىنى، ئەپتى – بەشرىسىنى ۋەتەن خەلقىگە ۋە دۇنياغا ئاشكارىلىدى. خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ ھىلە – مىكىرلىرىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇلارغا ئەجەللىك زەربە بەردى. ياشلار ھەرىكىتىدىن چۆچىگەن خىتاي ھۆكۈمرانلىرى بەزى سىياسەتلىرىنى، قانۇنلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئوقۇغۇچى ياشلارنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش، ئۇلارنى ساقچى دېكتاتورىسى ئارقىلىق باشقۇرۇش مەقسىتىدە، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ناھىيە دەرىجىلىك ساقچى ئىدارىلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. نامايىش قىلىش، سۆز – مەتبۇئات، ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكلىرى بىكار قىلىندى. بۇ ھەقتە مەخسۇس قانۇن – تۈزۈم، بەلگىلىمىلەر ئېلان قىلىندى. ئەمما بۇ فاشىستىك دېكتاتورلار ئۇلغىيىۋاتقان ياشلار ھەرىكىتىنى ۋە دېموكراتىك ئېقىمىنى توسۇپ قالالمىدى. بۇ ئىككى قېتىملىق دېموكراتىك ياشلار ھەرىكىتى باشقا كۈرەشلەردىن تۆۋەندىكى بىر قانچە ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن پەرقلىنىدۇ:

بىرىنچى، بۇ كۈرەش شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆرلۈككە ۋە دېموكراتىيىگە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ، دۇنيا خەلقىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا بولغان ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. بولۇپمۇ ئاتوم – يادرو سېنىقىغا قارشى پائالىيەتلىرى دۇنيا تارىخىدا ئوقۇغۇچى ياشلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاتوم سېنىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشىدۇر. بۇ كۈرەش دۇنيا ياشلىرىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا قوشقان تۆھپىسى بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى كۈرىشىدە يېڭى سەھىپە ئاچتى.

ئىككىنچى، بۇ ساپ زىيالىيلار ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ كۈرەشنى زىيالىيلار قوشۇنى ئېلىپ باردى ۋە ئۇنىڭغا باشتىن ـ ئاخىر ياش زىيالىيلار يېتەكچىلىك قىلدى. كۈرەش تەشكىللىك، پىلانلىق، سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلدى. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنى، ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئەتراپلىق، ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا دادىللىق بىلەن قەتئىي ئوتتۇرىغا قويالىدى.

ئۈچىنچى، جەمئىيەتنىڭ ياشلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىپ، زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ ۋەتەن داۋاسى كۈرىشىدىكى ئاۋانگارتلىق، يېتەكچىلىك رولىنى نامايان قىلدى.

تۆتىنجى، بۇ كۈرەش قان تۆكمەستىن ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلاب بولدى. خىتاي قىساسچىلىرىنىڭ بىگۇناھ قان تۆكىشى، ئادەم ئۆلتۈرۈشىدىن ساقلاندى، قانۇنى بوشلىقىدىن پايدىلىنىلدى.

بەشىنچى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشىنىڭ دۈشمەن پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك ئەھۋالدىكى دېموكراتىك كۈرىشىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىنى، شەكلىنى، يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

 

(بۇ ماقالە 1985 – يىلى 12 ـ دېكابىردا پارتلىغان شەرقىي تۈركىستان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 10 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستاندا ياشلار ھەرىكىتى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا سۇنۇلغان.)


 

شەرقىي  تۈركىستان  ياشلىرىنىڭ مىللىي ئازاتلىق كۈرىشىدىكى ئورنى ۋە تەسىرى

دولقۇن ئىيسا

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق كۈرىشى ئۇزۇن بىر تارىخىي  جەرياننى باشتىن كەچۈرۈپ كەلدى. بۇ كۈرەشلەر نۇرغۇن ئىنقىلابچىلارنى، قابىلىيەتلىك قوماندانلارنى، تالانتلىق سىياسەتچىلەرنى، ئۇلۇغ دۆلەت ئەربابلىرىنى يېتىشتۈردى. بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ كۈرەش جەريانى بولۇپ، ھەر قايسى دەۋردىكى كۈرەش شەكلى، خارەكتېرىمۇ ھەر خىل بولدى. پۈتكۈل يەر شارى خارەكتېرلىك سىياسىي كۈرەشلەرگە تەسىر كۆرسەتتى. 1944 - يىلىدىكى يالتا يىغىنىدا رۇزۋېلىت، چىرچىل ۋە ستالىندىن ئىبارەت جاھانگىر كۈچلەرنىڭ دۇنيانى  قايتىدىن بۆلىشى، دۇنيا خەرىتىسىنى باشقىدىن سىزىپ چىقىشىدەك سىياسىي ئويۇنلىرىنىڭ مۇھىم تېمىسى بولدى ۋە بۇ ئاجايىپ ئويۇنلاردا قالتس كۆزىرلىق رول ئوينىدى.

مىلىي ئازاتلىق كۆرىشىمىز مەيلى راۋاجلىنىپ غەلىبە قىلغان چاغلىرى ياكى مەغلۇپ بولۇپ پەس كويغا چۈشكەن چاغلىرىدا بولسۇن، مەيلى قورالللىق ئىنقىلابتا ياكى سىياسىي كۈرەشتە بولسۇن، ئىزچىل ھالدا پۈتۈن كۈرەش تارىخىمىزدا  ئاكتىپ، ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئاۋانگارت بىر قوشۇن بار، بۇ قوشۇن ياشلار قوشۇنىدۇر.

تارىختىن بۇيانقى مىللىي ئازاتلىق كۆرىشىمىزدە ياشلار ئىنتايىن مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالدى ۋە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. ئىنقىلابتىكى ياشلارنىڭ رولى ۋە ئورنى مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرسىدۇر. بۈگۈنگە قەدەر بۇ تېما مۇھاكىمە قىلىنغىنى ۋە مۇئەيەنلەشتۈرۈلگىنى يوق. يالغۇز بۇ تېمىلا ئەمەس، ھەر قايسى دەۋردىكى ئازاتلىق ئىنقىلابىمىزنىڭ باشقا مۇھىم تەرەپلىرىمۇ  مۇھاكىمە قىلىنمىدى. يەكۈنلەشكە تېگىشلىك ئاجايىپ قىممەتلىك تەجرىبە ساۋاقلار يەكۈنلەنمىدى.

بىزدىكى بۇ ئاجىزلىق ۋە يېتەرسىزلىك سەۋەبىدىن ھازىرغا قەدەر ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا بولسۇن، مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىمىزنىڭ سىستېمىلاشقان ئىنقىلابى نەزىرىيىسىنى تۈزۈپ چىقالمىدۇق. مىللىتىمىزگە يېتەكچى ئىدىيە ۋە توغرا يۆنىلىش بەلگىلەپ بېرەلمىدۇق. بۇ ئاجىزلىقلىرىمىز بەزىدە خەلقىمىزنى بىھۇدە قان تۆكۈشكە، ئارتۇق بەدەل تۆلەشكە ئېلىپ بارماقتا. مەيلى ۋەتەن ئىچىدە ياكى ۋەتەن سىرتىدا بولسۇن، تەشكىلاتلىرىمىز ، جەمئىيەتلىرىمىز ئۆز ئالدىغا ئىستىخىيىلىك ھەرىكەت قىلماقتا. يۆنىلىش بەلگىلىمەكتە. نەتىجىدە بەزى ھەرىكەتلەر ۋەتەننىڭ ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئىتىگە ، مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىمىزغا زىيانلىق تەسىر كۆرسەتمەكتە. بىز ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى ئىنقىلابىي كۆرىشىمىزنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشىمىز، بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز ۋە بۇ ئاساستا پۈتكۈل تەشكىلاتلىرىمىز، جەمئىيەتلىرىمىز بىرلىكتە مىللىي ئازاتلىق كۆرىشىمىزنىڭ سىياسىي پروگرامىسىنى تۈزۈپ چىقىشىمىز زۆرۈر. بىز بەك كۆپ كۈچىمىزنى، ۋاقتىمىزنى بوش ئۆتكۈزىۋەتتۇق. نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويدۇق. ئەمدى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشىمىز لازىم. كاللىمىزنى ئوبدان سىلكىۋېتىشىمىز كېرەك. بىز تېخى ھەر قايسى تارىخىي دەۋردىكى ئىنقىلابلارنىڭ خارەكتېرى ۋە ئالاھىدىكلىرىگە، خاتالىقلىرىغا باھا بەرگىنىمىز ، يەكۈن چىقارغىنىمىز يوق. بۇ ئىشلارنى باشقا مىللەتلەر ئاللىقاچان پۈتتۈرۈپ بولدى.

ئەلۋەتتە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق كۈرەشلىرىنىڭ پۈتكۈل جەريانلىرىغا توغرا، ئەتراپلىق باھا بېرىش ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىشى مۇمكىن. ئەمما يەكۈنلەشكە تېگىشلىك قىممەتلىك تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلىشىمىز، مۇئەيەنلەشتۈرۈشىمىز لازىم. مۇنداق قىلىش بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈرەشلەرنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى بەلگىلىشىمىزدە، بىزنى ئەھمىيەتلىك ماتېرياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. مېنىڭچە ھازىر مۇھاكىمە قىلىش، مۇئەيەنلەشتۈرۈش زۆرۈر بولغان تېمىلار ئىچىدە مۇھىم بىر تېما: ئىنقىلابتىكى ياشلارنىڭ رولى ۋە ئورنى بولىشى كېرەك. چۈنكى مۇنداق قىلىشىمىز ھېچ بولمىسا مۇندىن كېيىنكى كۈرەشلىرىمىزنىڭ ئاۋانگارت قوشۇنىنىڭ كۈچىيىشىنى كېڭىيىشىنى  كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. دۇنيا تارىخىدىن قارىساقمۇ كۆپلىگەن دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ كۈرەشلىرىدە ياشلار ھەرىكىتى ئىنتايىن مۇھىم ۋە ھەل قىلغۇچ روللارنى ئوينىغان ئىدى . مەسىلەن: 1989 - يىلدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى دۇنيا كوممۇنىزم لاگىرىنىڭ يىمىرىلىشىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. خىتايدا مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىك ھەرىكىتى پارتلىغان ئۇ زامانلاردا تېخى شەرقىي ياۋرۇپادا دېموكراتىيە ھەرىكىتى ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئىدى. خىتاي ياشلىرىنىڭ ھەرىكىتى دۇنيا بويىچە تەسىر قۆزغاپ سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىك  ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىغا بىۋاستە تەسىر قىلىپ ، دۇنيا كوممۇنىزم لاگىرىنىڭ  يوقىلىشىدەك تارىخىي دەۋرنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياراتتى. تارىخنىڭ بىرئاز ئالدىغا كۆز يۈگۈرتسەك دەل يەتمىش يىل ئىلگىرىكى سوۋېت  ئۆكتەبىر ئىنقابىنىڭ تەسىرىدىن 1919- يىلى خىتاي ئوقۇغۇچى ياشلار ھەرىكىتى پارتلاپ، 1989- يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ تامامەن ئەكسىچە جوڭگۇغا  ماركسىزم، لېنىنىزم ئىدىيىسىنى ئەكىلىپ، خىتاي كوممۇنىستىك ئىدىيەنىڭ ۋە ئىدېئولوگىيەنىڭ تارقىلىشىدەك سەلبى تارىخى دەۋرنى ياراتقان ئىدى.

1453 – يىلى ئوسمانلى ئىمپېراتۇرلۇقىنىڭ پادىشاھلىرىدىن فاتىھ سۇلتان مۇھەمەد كۈچلۈك دۇشمەنگە جەڭ ئېلان قىلىپ يۇكسەك قوماندانلىق قابىلىيىتى، ھەربىي تاكتىكىسى بىلەن ئىستانبۇلنى ئالغان ۋاقتىدا 17 ياش ئىدى. بۇنداق مىساللارنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن  ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىن ئېلىش مۇمكىن.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا نەزەر سالساق، پۈتكۈل ئىنقىلابنى «ياشلار ئىنقىلابى» دەپ قارىشمۇ مۇمكىن. پۈتكۈل ئىنقىلابنىڭ ھەرقايسى باسقۇچىدا ياشلار مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋە جەڭگىۋار سەپنى شەكىللەندۈرگەن.

يېقىنقى زامان تارىخىمىزغا نەزەر سالساق، 1920 - يىللاردا پارتلىغان تۆمۈر خەلىپە باشچىلىغىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ جەڭگىۋار سېپىنى ياشلار شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئىنقىلابنىڭ يېتەكچىسى تۆمۈر خەلىپە 30 ياش ئەتراپىدىكى قوماندان ئىدى.

30 - يىللاردىكى خوجىنىياز ھاجى ئىنقىلابى ۋە 1933 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھىرىيىتى قاتارلىقلارغا قارىساق، بۇ كۈرەشنى قوزغىغۇچىلار ۋە قاتناشقۇچىلار، جۇملىدىن جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى مىنىستىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 30 ياش بىلەن 40 ياش ئارىسىدىكى ياشلاردىن تەشكىل تاپقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ دەۋردىكى ئىنقىلاب داھىيىلىرىدىن مۇھەمەد ئەمىن بۇغرا خوتەن ئىنقىلابىنى قوزغاپ خوتەن ئەمىرى دەپ نام ئالغان چاغدا 32 ياشتا بولۇپ، خوتەن ئىنقىلابىنىڭ باشقا قوماندانلىرىدىن شاھ مەنسۇر ـــ ئابدۇللاھ بولسا تېخى 30 ياشقا يەتمىگەن قەھرىمانلار ئىدى. قۇمۇل ئىنقىلابى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھىرىيىتى رەھبەرلىرىدىن رەئىس جۇمھۇرى خوجىنىياز ھاجى، باش مىنىستىر سابىت داموللام، باش قوماندان مەھمۇد مۇھىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى 30، 40 ياشلار ئارىسىدا تالانتلىق قوماندان ۋە دۆلەت ئەربابلىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. بىز يەنە 1944 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىتىگە قارايدىغان بولساق، مىللىي ئازاتلىق ئۇرۇشىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سېپىمىزنىڭ ياشلاردىن تەشكىل تاپقانلىقىنى كۆرىمىز.

بۇ جۇمھۇرىيىتىمىز مىڭلىغان جەڭگىۋار ياش ئوغۇل - قىزلىرىمىزنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن قۇرۇلغان ئىدى. جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەھمەدجان قاسىمى 33 ياش ، ئىسھاق بېك 40 ياشلاردىلا شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تارىخىمىزنىڭ مۇھىم دەۋرىنى ياراتتى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان  داۋاسىنى ئېلىپ بارغان رەھبەرلىرىمىز ئايسا ئەپەندىممۇ بۇ كۈرەشكە 20 نەچچە ياش ۋاقتىدا ئاتلانغان ئىدى . 30 – ۋە 40 - يىللارنىڭ ۋەتەنپەرۋەر شائىرلىرىدىن ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەلىپ تولىمۇ ياش بولۇپ، ئۆز زامانلىرىدا ۋەتەن خەلقنىڭ قەلبىدە ئابىدە بولۇپ تىكلەنگەن ئىدى. بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش لازىمكى ، ئىنقىلابچىلىرىمىزنىڭ، رەھبەرلىرىمىزنىڭ ئىنقىلابتا قانداق رول ئوينىغانلىقى، قايسى يۆنىلىش بويىچە خىزمەت قىلغانلىقىنى ئايرىم تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئۇلارنىڭ ياش دەۋردىنلا ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىك سېپىدە رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشتۇر.

دۇنيادىكى ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك سىياسىي سودىلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ، 1949 - يىلى ۋەتىنىمىز خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مۈستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغاندىن بۇيان ۋەتەن خەلقى ئۆزلۈكسىز كۈرەش قىلىپ كەلدى. كۈرەش شەكلى، خارەكتېرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ كۈرەشلەرنىڭ ئاساسلىق ھالقىسى ياشلار قوشۇنىدىن ئىبارەت بولدى. بۇ كۈرەش جەريانلىرىنى ئەسلەپ ئۆتسەك ، 1950 - يىلى 1 - ئايدا پارتلىغان ئاراتۈرك قوزغىلىڭى ۋە قابىلبېك باشچىلىقىدىكى قوراللىق قوزغىلاڭلار ، 1950 – يىلى 3 - ئايدا  باشلانغان ئوسمان باتۇر باشچىلىغىدىكى قوراللىق كوزغىلاڭ ، 1954 – يىلى 12 - ئايدا خوتەن قاراقاش، لوپتا پارتلىغان ئابدۇلھامىد داموللام، پەتھىددىن مەخسۇم قوزغىلىڭى، 1956 - يىلى قاراقاشتا پارتلىغان باقى داموللام ۋە سەمەد داموللام قوزغىلىڭى، 1956 – يىلى 5 - ئايدا پارتلىغان ئابدۇلقادىر باشچىلىقىدىكى لوپ قوراللىق كۈرىشى، 1958 – يىلى 10 - ئايدا كەنجى قۇربانسېيىت يېتەكچىلىكىدىكى قۇمۇل قوزغىلىڭى، 1958 – يىلى 10 - ئايدىكى شىخو قوزغىلىڭى، 1957 - يىلدىكى 51 چىلەر كۈرىشى، 1967 – 1969 – يىللىرىدىكى ئىمىنوۋ باشچىلىقىدىكى خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ كۈرەشلىرى، 1962 - يىلى قەشقەردە پارتلىغان ئاخۇنۇپ ، مىجىت سىلىڭ قوزغىلاڭلىرى ، 1981 – يىلى 12 - يانۋار قاغىلىق ۋەقەسى، 1981 - يىلى 5 - ئايدا پارتلىغان پەيزاۋات ئىنقىلابى ، تەڭرىتاغ پارتىيىسى ۋە ئۇيغۇرىستان ياش ئۇچقۇنلار پارتىيىسىنىڭ كۈرەشلىرى ، 1985 - يىلى 12 - دېكابىر ۋە 1988 – يىلى 15 - ئىيۇندا پارتلىغان ئوقۇغۇچى ياشلارنىڭ دېموكراتىك ياشلار ھەرىكىتى، 1989 - يىلى ئۈرۈمچىدە پارتلىغان 18 - 19 ماي ۋەقەسى، 1990 - يىلى 1 - ئايدىكى  قورغاس ۋەقەسى، 1990 – يىلى 4 - ئايدا پارتلىغان بارىن قوزغىلىڭى، 1995 – يىلى 8 - ئايدا غۇلجىدىكى ياشلارنىڭ قوزغىلىڭى، 1997 - يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5 - فىۋرال ۋەقەسى ۋە ھازىر ۋەتەندە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوراللىق ھەم سىياسىي كۈرەشلەر قاتارلىق يۈزلىگەن ئىنقىلابلارنىڭ ھەممىسىدە ياشلار ئاجايىپ قەھرىمانلىق روھىنى نامايەن قىلدى ۋە نامايەن قىلماقتا.

بۇ كۈرەشلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا ياش ئىنقىلابچىلار يېتەكچىلىك قىلدى. شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇ ئىنقىلابلاردىكى چوڭلىرىمىزنىڭ، پىشقەدەم ئىنقىلابچىلىرىمىزنىڭ رولى ، كۆرسەتكەن ئۇلۇغ تۆھپىلىرى ئۇنتۇلماس ھەقىقەتتۇر.

ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سابىق رەئىسى بادەينىڭ سىياسىي كېڭەش 6 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمى كومىتېتىنىڭ 10 - قېتىملىق يىغىنىدا سۆزلىگەن ۋە 1990 –يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى قەتئىي مەخپى دەپ تارقاتقان ھۆججىتىدە  شۇنداق دېيىلگەن: جەنۇبىي شىنجاڭدا 1987 – يىلىدىن 1989 - يىلىغىچە ئويغىنىنش، خەنسۇلارغا قارشى تۇرۇشقا قۇترىغان، شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىشنى تەرغىپ قىلىدىغان ئەكسىيەتچى شۇئارلاردىن 178 قېتىم 596 پارچە چاپلاندى. 1986 - يىلىدىن 1989 - يىلىغىچە قولغا چۈشۈرۈلگەن ئەكسىيەتچىل شۇئارلار ، ئەكسىيەتچى تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتقان 72 كىشى ئىچىدە 70 ياشتىن تۆۋەنلىرى 57 كىشى بولۇپ، 79.2%نى تەشكىل قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 15 ياشتىن تۆۋەنلىرى 16 نەپەر ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلار 55 نەپەر ، تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى سەۋىيىدىكىلەر 39 نەپەر.

خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتلىرى مىللىي ئازاتلىق كۈرىشىمىزنىڭ يالغۇز ياشلار ئارىسىدىلا ئەمەس، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك يىلتىز تارتقانلىقى، مىللىي ئازاتلىق سېپىمىزنىڭ كۈنسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.

دېمەك، مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىمىزنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ياشلار ئاساسلىق كۈچ بولۇپ، ھەل قىلغۇچ رول ئويناشتەك تارىخىي ئىزچىللىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ھال تېخىمۇ روشەنلەشمەكتە. 90 – يىللارنىڭ كىرىشى بىلەن كوممۇنىزم لاگىرىنىڭ يىمىرىلىشى، شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ دېموكراتىيىلىشىشى، سابىق سوۋېت ئىمپېريالىزمىنىڭ پارچىلىنىشى، دۇنيا خەرىتىسىنىڭ قايتىدىن سىزىلىشىدەك زور سىياسى ئۆزگىرىشلەر خەلقىمىزدە، بولۇپمۇ ياشلاردا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتتى، مىللەتتە كۈچلۈك ئويغىنىش بارلىققا كەلدى. ياشلىرىمىزنىڭ دىنىي، مىللىي ئەخلاقى كۈچلەنمەكتە، ئىجتىمائىي ئاڭ سەۋىيەسى يۈكسەلمەكتە، سىياسىي سەزگۈرلۈكى ئېشىپ بارماقتا. مەملىكەتتە ئومۇمىي يۈزلۈك بىر ئىنقىلاب ۋەزىيىتى شەكىللەنمەكتە. تارىخىي رىئاللىق ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمىز شۇنى ئىسپاتلىماقتا. بۇندىن كېيىنكى ئازادلىق كۈرىشىمىزنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى بەلگىلەش، بۇ كۈرەشكە يېتەكچىلىك ۋە راۋاجلاندۇرۇش ياشلارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىدۇر. مىللىتىمىز، خەلقىمىز ۋە رىئاللىق ياشلاردىن شۇنى تەلەپ قىلماقتا. مۇنداق مۇھىم زور ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىۋاتقان ياشلارغا ئەھمىيەت بېرىش، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قۆزغاش، ئىنقىلابتىكى رولى ۋە ئورنىغا ئادىل، توغرا باھا بېرىش، ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىش لازىم. مېنىڭچە، نۆۋەتتىكى ئەڭ موھىم مەسىلە، ياشلارغا ئىشىنىش، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشىنىشتۇر. ئۇلارنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس كۈچ ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش لازىم. ھەر قايسى تەشكىلات، جەمئىيەتلەر تەركىبىدىكى ياشلار قوشۇنىنى تەربىيىلەشكە، يېتىشتۈرۈشكە، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا دىققەت قىلىش. بىئوگراتلىققا قارشى تۇرۇشىمىز لازىم. بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە بىر خاتا خاھىش ھوكۇم سۈرمەكتە. ياشلارنىڭ ئىنقىلابتىكى ئاۋانگارتلىق رولى ئەمەلىيەتتە كۆرىنىپ تۇرسىمۇ ئۇلارغا ئەھمىيەت بەرمەيمىز. ئۇلارغا ئىشەنچسىز قارايمىز. ئاكتىپچانلىق بىلەن قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشىنى خاھلىمايمىز ياكى سەل قارايمىز. مېنىڭچە بىر مىللەتنىڭ ياشلىرىغا ئىشەنمەسلىك، شۇ مىللەتكە ۋە شۇ مىللەتنىڭ كېلەچىكىگە ئىشەنمەسلىكتۇر. ئۇيغۇر ياشلىرى ئىشەنچلىكتۇر، ئىقتىدارلىقتۇر. بۇ ئۇزۇن يىللىق مىللىي ئازاتلىق كۈرىشىمىزنىڭ يەكۈنىدۇر.

تارىختىكى ۋە بۈگۈنكى كۈندە پىشقەدەم ئىنقىلابچىلىرىمىزنىڭ، داھىيلىرىمىزنىڭ، چوڭلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك مول تەجرىبە ساۋاقلىرى بار. ياشلار بۇلارنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز لازىم. چوڭلىرىمىز بولسا ئۆز ئىنقىلاب تەجرىبىلىرى بىلەن ياشلارنى يېتىشتۈرۈشكە دىققەت ئېتىۋارىنى قوزغاپ، ياشلارنىڭ قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى، تۈرتكە بولۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا تېخىمۇ كۆپ پىداكار ياش ئىنقىلابچىلار مەيدانغا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئىزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە كۈچلەندۈرىدۇ. پىشقەدەملىرىمىزنىڭ ئىنقىلاب تارىخىنى يازىدۇ، ئابىدەلىرىنى تىكلەيدۇ. بۇ مىللىي ئازاتلىق كۈرىشىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشى، راۋاجلىنىشى ۋە غەلىبە قىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتىدۇر.

 

 

 

1995 – يىلى 11 – ئاي،  ئالمائاتا  

 

 

 

 

 

 

باش بەت

aturan2003@yahoo.com

بارلىق نەشر ھوقۇقى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىغا ئائىت

 All Rights Reserved Taklamakan Uyghur Publishing 2007 --- 2009 http://www.uyghurweb.net