|
ئەرەب دىياردا چاقنىغان ئۇيغۇر يۇلتۇزى
مەرھۇم دوكتور ئابدۇلقادىر تاشنى ئەسلەپ
ئابدۇلجېلىل تۇران
2004
- يىلى 4 - ئاپرىل كۈنى ئەرەب - ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن، جۈملىدىن ئۇيغۇر
خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن قايغۇلۇق بىر كۈن بولدى، يەنى بۇ كۈندە ئاتاقلىق
زۇرنالىست، يازغوچى، مۇتەپەككۇر ئابدۇلقادىر تاش ۋاپات بولدى. مەرھۇم
دوكتور ئابدۇلقادىر تاشنىڭ ۋاپات خەۋىرى ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاب يېزىلغان
ماقالە، مەرسىيىلەر پۈتۈن ئەرەب مەتبۇئاتىدا خەۋەر قىلىندى .
1949
- يىلى شەرقىي تۈركىستان قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىستېلا
قىلىنغاندىن كېيىن، نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر خەلقى تۈركۈم - تۈركۈملەپ
چەتئەللەرگە قېچىپ چىقىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىگە يۇلتۇزلاردەك
چېچىلىپ كەتتى. بۇ سەرگەردان ئۇيغۇرلاردىن سانسىزلىغان كىشىلەر دۇنيانىڭ
ھەرقايسى جايلىرىدا ئىز - دېرەكسىز ئالەمدىن ئۆتكەن بولسا، ئاز بىر قىسمى
ئازراق ئىقتىسادقا ئىگە بولۇپ، پۇلدارلارغا ئايلاندى. يەنە بىر بۆلۈكى
ئىلمىي ۋە سىياسىي ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولدى. ۋەتەنسىزلىكتە،
سەرگەردانلىق، يوقسۇللۇقتا ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن كۆپلىگەن
ئالىم - ئۆلىمالار، يازغۇچى شائىرلار، ئەدىبلەر، تارىخچىلار ۋە زىيالىلار
يېتىشىپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ئىسلام ۋە
ئەرەب ئەللىرىدە يۈكسەك شۆھرەتكە ئىگە يېگانە ئالىم ― مەرھۇم دوكتور
ئابدۇلقادىر تاشتۇر.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دانا ئۇستازى، ئىسلام مۇتەپەككۇرى، ئاتاقلىق ژۇرنالىست
ئابدۇلقادىر تاش بىلەن تۇنجى قېتىم نەدە، قاچان كۆرۈشكەنلىكىم ئېنىق
ئېسىمدە بولمىسىمۇ، ئىسمىنى 80 - يىللىرى خوتەندىكى ۋاقتىمدىلا
ئاڭلىغان ئىدىم. ئەرەب دۇنياسىغا كەلگەندىن كېيىن ― مىسىردا ئوقۇۋاتقان
ۋاقتىمدا خەت يېزىشقان ۋە داڭقىنى ئاڭلاپ، يازغان ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ بۇ
كىشىگە بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشقان ئىدى.
ئابدۇلقادىر تاش ئەرەبىستان چۆللىكىدە، ئانا ۋەتىنىدىن يەتتە - سەككىز مىڭ
كىلومىتىر يىراقلىقتا بىر ۋەتەنسىز كۆچمەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئەرەب
مەدەنىيىتى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى پىششىق ئۆگىنىش
پۇرسىتىگە نائىل بولالمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىسى، ئامېرىكىدا ئۇقۇپ
دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئالىمى ئىدى. مەرھۇم
ئابدۇلقادىر تاش ئەرەبىستاندا تۇغۇلۇپ، ئامېرىكىدا ئوقۇپ يېتىشكەن بولسىمۇ
ئۆز ئانا ۋەتىنىنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنۇتمىغان دىن - دىيانەتلىك، تەقۋادار
مۇسۇلمان، ئىنسانپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر ئالىم ئىدى.
ئابدۇلقادىر تاش 1950 - يىلىدىن بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەجگە چىقىپ،
ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ۋەتەننىڭ قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتى
تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنىشى بىلەن ۋەتەنگە قايتالمىغان ياكى تۈركۈم -
تۈركۈملەپ ۋەتەندىن قېچىپ چىققان نەچچە ئون مىڭلىغان ۋەتەنسىز سەرگەردان
ئۇيغۇرلاردىن بىرى بولغان بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە، 1951 - يىلى پۈتۈن
دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا
كەلگەن ۋە قۇرئان كەرىم نازىل بولغان، دۇنيا مۇسۇلمانلىرى كۈندە بەش قېتىم
يۈزكەلتۈرىدىغان مۇقەددەس زېمىن ― مەككە شەھىرىگە 120 كىلو مىتىر
يىراقلىققا جايلاشقان تاغلىق رايون ― تائىپ شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن.
تائىپ ― مەككىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان شەھەر بولۇپ، مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالام مەككىدە ئىسلامنى تەبلىغ قىلىشقا باشلاپ، توسقۇنلۇققا
ئۇچرىغاندا بىر بۆلۈك ساھابىلەر بىلەن تائىپقا بارغان. ئۇ يەردە ئۇبدان
قارشى ئېلىنماي مەككىگە قايتقان. مەككە پەتھى بولغاندىن كېيىن، تائىپ
خەلقىمۇ مۇسۇلمان بولغان. تائىپ ۋە پۈتۈن ھىجاز ئۆلكىلىرى 1517 - يىلى
ئوسمان ئىمپىراتۇرلىقى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. تائىپ شەھىرى سۈرگۈن
ماكانى بولۇپ، كېيىنكى دەۋر ئوسمان ئىمپراتۇرى ئەمەلدارلىرىدىن مىدھەد پاشا
(1822 – 1891 - يىللار) تائىپقا سۈگۈن قىلىنىپ مۇشۇ يەردە بوغۇپ
ئۆلتۈرۈلگەن (مەدەنىيەت ۋە تارىخ ئىنسىكلوپېدىسى «تائىپ ماددىسى»، «يېڭى
ئۇفۇق» گېزىتى نەشرىياتى 2004 يىل ئىستانبۇل تۈركچە نەشرى).
مەرھۇم ئابدۇلقادىر تاش قىيىن شارائىت ئاستىدا 1963 - يىلى باشلانغۇچ
مەكتەپنى، 1969 – يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى تائىپتا پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1975
- يىلى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىياد شەھىرىدىكى ئىمام مۇھەممەد ئىبنى
سەئۇد ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەرەب ئەدەبىياتى فاكولتىتىنى ئەلا دەرىجىدە
تاماملاپ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1979 - يىلى ئامېرىكىنىڭ
ئوكلاخوما ئۇنىۋېرسىتېتىدا ژۇرنالىستلىق ساھەسى بويىچە ماگىستىرلىق
ئۇنۋانىغا، 1983 - يىلى ئامېرىكا جەنۇبى لىنىۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق
ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
1974
- 1979 - يىللىرى رىياد رادىئوسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پروگرامما تەييارلاش،
ئاڭلىتىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن بولسا، 1979 - يىلىدىن 1982 - يىلىغىچە
(دوكتورلۇق ئوقۇۋاتفان يىللىرىدا) شىمالى ئامېرىكا ئەرەب مۇسۇلمان ياشلار
بىرلىكىنىڭ نەشرى ئەفكارى بولغان «ئەلئەمەل» ناملىق ژۇرنالنىڭ باش
مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 1983 - يىلىدىن 1990 - يىلىغىچە
رىياددىكى ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخباراتچىلىق
فاكولتىتىدا دەرس بەرگەن. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاخباراتچىلىق پاكولتىتىنى
تەسىس قىلىشقا مەرھۇم دوكتور ئۆزى قاتناشقان.
مەرھۇم دوكتور قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئانا ۋەتىنىنى زىيارەت
قىلىش ۋە ئۇيەردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆگىنىش نىيىتى
بىلەن 1983 - يىلى بىرىنچى بۇلۇپ شەرقىي تۈركىستانغا بارغان، شەرقىي
تۈركىستاننىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مول
ماتېرىيال توپلاپ، خەۋەرلەرنى ئىگەللەپ كېلىپ گېزىتلەردە ئىېلان قىلغان
ئىدى.
1990
ـ يىلىدىن باشلاپ «ئەددەئۋە» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىر ۋە باش
تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
1990
- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەتقىقات ۋە نەشرىيات
شىركىتى تەرىپىدىن نەشىر قىلنىدىغان، بىردىنبىر ئىسلام دۇنياسىغا ۋەكىللىك
قىلىدىغان ھەپتىلىك ۋە خەلقئارالىق گېزىت ― «مۇسۇلمانلار» گېزىتىنىڭ باش
تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن.
مەرھۇم دوكتۇر ئابدۇلقادىر تاش ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى بىر
كۈنمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئەمەس، ئۇ «مۇسۇلمانلار» گېزىتىدە تەھرىرلىك قىلىش
جەريانىدا گېزىتتە ھەر ھەپتە دېگۈدەك قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى
شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماقالە ۋە خەۋەرلەرنى
ئۈزۈلدۈرمەي يېزىپ نەشىر قىلىپ، ئەرەب ـ ئىسلام دۇنياسىدا قىزىل خىتاي
ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئىزىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تونۇلىشىغا زور ھەسسە
قوشقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى
پائالىيەتلىرىگىمۇ شەخسەن قاتنىشىپ، پىكىر، مەسلىھەت بېرىپ تۇرغان. ئۇ
1992 - يىلى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقى تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى»غا
قاتناشقان ۋە قۇرۇلتاي خەۋەرلىرىنى «مۇسۇلمانلار» گېزىتىدە ئېلان قىلىپ،
قۇرۇلتايدىن پۈتۈن ئەرەب دۇنياسىنى خەۋەردار قىلغان. دوكتور تاش مۇنداق دەپ
يازغان ئىدى:
«ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان
مىللىي قۇرۇلتىيى پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقىم ئۈچۈن خۇشاللىق ھېس
قىلىمەن. ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغان بۇ قۇرۇلتايدا، تۇنجى قېتىم دۇنيانىڭ
ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋەكىللىرى
بىر يەرگە جەم بولدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام جۇمھۇرىيەتلىرى، تۈركىيە،
گېرمانىيە، ئاۋۇستىرالىيە، ئامېرىكىغا ئوخشاش ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي
تۈركىستان جەمئىيەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بۇ يەرگە توپلاندى.
بۇ
قۇرۇلتاينىڭ نەتىجىلىرى، بولۇپمۇ ۋەكىللەرنىڭ ۋە ئۆمەكلەرنىڭ بىر - بىرى
بىلەن كۆرۈشۈپ، تونۇشۇپ، پىكىر ئالماشتۇرىشى ئەلھەمدۇلىللاھ ناھايىتى مۇھىم
ئەھمىيەتلىك تارىخىي ۋەقەدۇر.
بۇ
قۇرۇلتاي زۇلۇم ۋە بېسىم ئاستىدا ئازاپ چېكىۋاتقان ئاسارەتتىكى مۇسۇلمان
شەرقىي تۈركىستان خەلقلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتتى ۋە مۇستەقىل بولۇش
ئىرادىسىنى نامايەن قىلدى.
ئۆز
ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتالمايۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ داۋاسىنى
دۇنياغا ئاڭلاتماق ئۈچۈن، خارىجى ئەللەردە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان
تۈركىستانلىقلار بۇ قۇرۇلتايدا بىر يەرگە توپلىنىپ، چىن كوممۇنىستلىرىنىڭ
ئاسارىتى ئاستىدا تىركىشىۋاتقان، تۆمۈر پەردە ئارقىسىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ
ئاۋازىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن غەيرەت كۆرسەتتى.
بۇ
قۇرۇلتاينىڭ ئىككىنچى نەتىجىسى شۇكى، قۇرۇلتاي بۈيۈك بىر تەشۋىقات پۇرسىتى
بولدى. تۈركېيىنىڭ ھەرقايسى مەتبۇئات ئورگانلىرى ئالاھىدە، قىزغىن مۇئامىلە
قىلدى ۋە قوللىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقەتەن مەتبۇئاتقا زور ئېھتىياجى
بار ئىدى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ بولىدۇ. تۈركىيە، ئەرەب، ئىسلام ۋە دۇنيا
مەتبۇئاتلىرىنىڭ چەكلىك مۇئامىلىسى تۈپەيلىدىن دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇ
قۇتلۇق داۋا ھەققىدە بەك ئاز چۈشەنچگە ئىگە. بۇ قۇرۇلتايدا ئۇنۇتۇلغان
شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن تۇنجى قەدەم تاشلاندى. بۇندىن كېيىن تېخىمۇ
ئىلگىرىلەپ ۋە تېخىمۇ مۇستەھكەم قەدەم تاشلاپ بۇ داۋانى پۈتۈن دۇنياغا
ئاڭلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ
قۇرۇلتاينىڭ ئۈچىنچى نەتىجىسى شۇكى، قۇرۇلتاينىڭ ئۈچ كۈنلۇك خىزمەتلىرىدىن
كېيىن، ئوتتۇرىغا چىققان خۇلاسىلىرىدۇر. ئۇنىڭ بىرى ئۆز ۋەتىنىنىڭ مەسىلىسى
ھەققىدە بىرلىككە كېلىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرى
ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆرۈشۈپ بىرلىككە كېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى بولۇپ،
يەنە بىرى تارىخىي ئەھمىيەتلىك قۇرۇلتاينىڭ ئورتاق خىتابنامىسى، قارارلىرى
ۋە تەشەببۇسلىرىنىڭ بايان قىلىنىشىدۇر. بۇ بايانلارنىڭ ھازىرقى پەيتتىكى
ھالدا چەكلىنىپ قالماستىن، كەلگۈسىدىكى ئىش ۋە پىكىرلەردە
ئەمەلىيلەشمىكىدۇر. قۇرۇلتاي ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى
جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلىرى پائالىيەتلىرىنى ئورتاق ۋە بىرلىك نىزامى ئىچىدە
ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر مىللىي بىرلىك تەشسكىلاتىنى قۇرۇش ئارزۇسىغا
ئاساسەن، ئەتراپلىق ئويلىشىپ بىر ئۆتكۈنچى مىللى كونگىرە قۇردى ۋە ئۆتكۈنچى
نىزامنامە ماقۇللىدى. قۇرۇلتاي ئىشتىراكچىلىرى مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن،
ئىككىنچى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشى ۋە كونگىرە سايلىمى ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي
تۈركىستان داۋاسىنىڭ يەنىمۇ جىددى ۋە پائال ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن چاقىرىق
قىلدى. مانا بۇلار قۇرۇلتاينىڭ ئۈمىد بېغىشلىغۇچى نەتىجىلىرىدۇر. ئەمما مەن
شۇنى ئەسكەرتىشنى خالايمەنكى، تۈركىستان خەلقىنى دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن
قۇتقۇزۇشنى مەخسەت قىلغان بۇ قۇتلۇق داۋانىڭ غەلىبىگە ئېرىشمىكى ئۈچۈن ئەڭ
توغرا يول ئىسلامىيەتنىڭ كۆرسەتكىنىدەك، غازات يولىدۇر. ئەينى زاماندا
مىللىي ۋە ۋەتەن شۇئارى ئىسلام پرىنسىپلىرىغا زىچ باغلانمىدى. ئىسلامىيەت
شەرقىي تۈركىستان مىللىي داۋاسىنىڭ كۈچ مەنبەسىدۇر.
قۇتلۇق شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلار ئەگەر بىرلىك،
باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىق ئارقىلىق بىرلىشىپ، بىر ئاۋاز بىلەن ئورتاق مەركەز
ئاستىدا توپلانمىسا غەلىبىگە ئېرىشمەك مۇمكىن ئەمەستۇر.
تۈركىستان خەلقى ئىچىدە ھەقىقەتەن پىتنە، جېدەل، ئىختىلاپ كېسەللىرىنى
تۇشۇغۇچىلار بار. بۇ كېسەللەر بىزگە زىياندىن باشقا نەرسە كەلتۈمەيدۇ.
دوكتور ئابدۇللاھ ئۆمەر نەسىف قۇرۇلتايغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىدە، «شەرقىي
تۈركىستان خەلقىنى بىرلىك، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئاللاھنىڭ: «ھەممىمىز
ئاللاھنىڭ يولىدا بىرلىشەيلى، ھەرگىز ئايرىلمايلى» دېگەن سۆزىنى ئىسىدە
تۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىشقا، ھەمكارلىشىشقا ۋە بۆلۈنمەسلىككە چاقىردى. پۈتۈن
شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى ئاللاھنىڭ بۇ ئەمرىنى
رازىلىق ۋە ساداقەت بىلەن ئىجرا قىلىشى لازىم.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراپ، بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشنى
كۈتىۋاتقان، ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتالمايۋاتقان، قارشىسىدا كۈچلۇك بىر
دۈشمەن تۇرغان بۈگۈنكى ئەھۋالدا، بەزى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تار
چۈشەنچلەردىن، شەخسى مەنپەئەتلىرىدىن، شۆھرەتپەرەسلىكتىن ۋە مەنسەپ تالاش -
تارتىشلاردىن ۋاز كېچەلمەسلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسمۇ؟
بۈگۈنكى ئەھۋالدا، تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز ئارا غەۋغالىشىشى، ئايرىمچىلىق
قىلىشى، ھېچ ئىنساننىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ. بۇ ئىختىلاپ پەقەت دۈشمەنگە
پايدىلىق بولۇپ، زىيان تارتىدىغىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بولۇپ قالىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا توسالغۇ بولغۇچىلارچوقۇم جاۋابكار بولىدۇ ۋە
ئېغىر جازاغا ئۇچرايدۇ. تۇركىستانلىقلارنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىنىڭ ھېچ ھاجىتى
يوق. ئاللاھ بۈيۈكتۇر. ئەگەر چىن ۋە ئۇنىڭ زالىم سىياسىتى يىقىلمىسا،
ئاللاھ ئۇنى يىقىتىدۇ. ئەينى زاماندا ھېچكىمنىڭ ئەقلىگە كەلمىگەن سوۋېتلەر
بىرلىكىدە مەيدانغا كەلگەن ھادىسىگە ئوخشاش.
ئاللاھ بىز بىلەن بىللە، ھەقىقەت بىز بىلەن بىللە (بۇ ماقالە ئەينى زاماندا
«مۇسۇلمانلار» گېزىتىدە نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بىز «شەرقىي تۈركىستان
ئاۋازى» ژۇرنىلىدا نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن كۆچۈرۈپ ئالدۇق).
1980
ـ يىللاردىن كېيىن قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا 30 يىل ئىڭرىغان شەرقىي
تۈركىستان خەلقىگە چەتئەللەرنى كۆرۈش ئىشىكى ئېچىلدى، شۇنىڭ بىلەن،
ئازساندىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئەرەب، ئىسلام ئەللىرىدە تەلىم - تەربىيە
ئېلىشىغا، ئىلىم تەھسىل قىلىشىغا ئازراق پۇرسەت تۇغۇلدى. بىر بۆلۈك ئۇيغۇر
ياشلىرى ئالدى بىلەن پاكىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئىلىم
دەرگاھلىرىدا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئۇيەردە ئۇقۇيدىغانلارنىڭ سانىمۇ
كۈنسىرى كۆپىيىشكە باشلىدى.
1984
- يىلى 12 ـ ئايدا رەھمەتلىك دادام مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇمنىڭ تەشەببۇسى
ۋە يېتەكلىشى بىلەن پاكىستاندىن 10 بالا ئۇزۇندىن بېرى نامىنى ئاڭلاپ
كەلگەن ۋە ئەل ئەزھەر ئالى بىلىم يۇرتى جايلاشقان، مۇھەممەد ئابدۇھ ،
ھەسەنۇل بەننا ، سەييىد قۇتۇبلاردەك ئالەمشۇمۇل مۇتەپەككۇرلار يېتىشىپ
چىققان قەدىمى مەدەنىيەتلىك دىيار ― قاھىرە شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق.
قاھىرە ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان مۇھىم تارىخىي شەھەر بولۇپ،
تىجارەت، مەدەنىيەت ۋە ئىلىم مەركىزى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. قاھىرە بۈگۈنكى
مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى. قاھىرە رىۋايەتلەردىكى نىل
دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، پۈتۈن ئافرىقا ۋە ئەرەب دۇنياسى
بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھەردۇر.
قاھىرە 10 ـ ئەسىردە فاتىمىلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. 1517 - يىلى
قاھىرە جۈملىدىن مىسىرنىڭ پۈتۈن شەھەرلىرى ئوسمان ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن
ئوسمان پادىشاھلىرىدىن سۇلتان سەلىم زامانىدا بويسۇندۇرۇلغان. 1798 - يىلى
1 - ناپالىيون قۇماندانلىقىدىكى فرانسىيە لەشكەرلىرى قاھىرىنى ئىشغال
قىلىپ، 1801 ـ يىلى فرانسىيە ئەسكەرلىرى ھەيدەپ چىقىرىلغان بولسىمۇ، بۇ ئۈچ
يىل ئىچىدە ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئۈچ يۈز يىل ئاسراپ كەلگەن مەدەنى
مىراسلارنى ۋەيران قىلغان ياكى بۇلاپ كەتكەن.
قاھىرە 1882 ـ يىلى ئىنگىلىزلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارمۇ
فرانسوزلاردىن ئېشىپ قالغان مەدەنى يادىگارلىقلارنى ۋەيران قىلغان ياكى
ئېلىپ كەتكەن.
غەربلىكلەر تەرىپىدىن ئارقا ـ ئارقىدىن تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان قاھىرە
1922 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ، مىسر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولغان.
قاھىرە ھازىرمۇ سانائەت، تىجارەت، ساياھەت، ئىلىم ـ مائارىپ جەھەتلەردە
ئافرىقا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
مىسىردا جۈملىدىن قاھىرىدە نۇرغۇنلىغان داڭلىق ئالى بىلىم يۇرتلىرى بولۇپ،
بۇلاردىن قاھىرىدىكى «ئەل ئەزھەر ئالى بىلىم يۇرتى» كۈلىمىنىڭ چوڭلىقى،
تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپلىكى جەھەتتە دۇنيا بويىچە
ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
ئەزھەر پاتىمىلەرنىڭ مىسىرنى بويسۇندۇرغان باش قۇماندانى جەۋھە تەرىپىدىن
972 ـ يىلى مەسجىد ئۈچۈن سېلىنغان بولۇپ، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ھەم
مەسجىدلىك ھەم مەدرىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئوسمان پادىشاھلىرىمۇ
ئەزھەرنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.
19 –
ۋە 20 – ئەسىرگە كەلگەندە ئەزھە ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ ھەم دىن ھەم پەن
ئوقۇتىلىغان بۈگۈنكى ھالىغا كەلگەن .
قاھىرىگە كەلگەندىن كېيىن رەسمىيەتلەرنى پۈتتۈرۈپ، چىڭگىزخان داموللامدىن
كېيىن ، تۇنجى قېتىم مىسىر دىيارىغا قەدەم باسقان ئۇيغۇر تالىبلار بولۇ ش
سالاھىيىتىمىز بىلەن، ئەلئەزھەر دارۇلفۇنۇنىدا دەرس باشلىدۇق. بىزدىن
كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدىن 4 - 5 تىن كەلگەن
تالىبۇل ئىلىملەرنىڭ سانى 90 - يىللىرىغا كەلگەندە 30 غا يىقىنلاشقان،
بۇلاردىن ئەزھەرنىڭ ھەرقايسى فاكولتىتلىرىدا ئوقۇۋاتقان 10 ئەزھەرى تۇنجى
قېتىم 1993 - يىلى ئۇقۇش پۈتتۈرگەن. بۇلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا
مەرھۇم ئابدۇلقادىر تاش ئاتىسى بىلەن ئالاھىدە كېلىپ، مىسىرلىق داڭلىق
ئالىم ـ ئۆلىمالاردىن مەرھۇم مۇھەممەد غەزالى ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى
ئىسلام تەتقىقاتى فاكولتىتىنىڭ مۇدىرى مەرھۇم دوكتۇر سەيىد رىزقىتتەۋىل،
«زەھرا» نەشرىياتىنىڭ مۇدىرى ئەھمەد رائىف قاتارلىق داڭلىق ئالىم ۋە مەشھۇر
كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، كاتتا زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەشەمەتلىك ئوقۇش
پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بىرىپ، ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەرگە زور ئىلھام ۋە
مەدەت بەرگەن ئىدى. دوكتور تاش ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق مىسىرغا كېلىپ،
ئۇقۇغۇچىلارنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئوقۇشىغا زور ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ
تۇرغان.
مەرھۇم دوكتور 1994 - يىلىدىن 1998- يىلىغىچە «ئەرەب خەۋەرلىرى» ناملىق
ئنگىلىزچە كۈنلۈك گېزىتنىڭ باش تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. بۇ گېزىتتىمۇ
داۋاملىق دېگۈدەك قىزىل خىتاي ئاسارىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە
خەۋەر ۋە ماقالە يېزىپ تۇرغان بولۇپ، مەزكۇر گېزىتتە ئېلان قىلىنغان «ئاتوم
رىقابىتىنىڭ گۇناھسىز قۇربانلىرى» سەرلەۋھىلىڭ ماقالىسىنى بۇ يەرگە
قىستۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن. دوكتور مۇنداق يازغان ئىدى:
«چىن
ھۆكۈمىتى بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېلىپ بارغان يادرو قۇراللىرى سىنىقى بىلەن
يىقىندا تۆت ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىملىق، ئومۇمى قىرىق بىرىنچى قېتىملىق
ئاتوم يادرو سىنىقىنى ئۆتكۈزدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، خەلقئارانىڭ چىن
ھۆكۈمىتىنىگە بەرگەن ئىنكاسى ھادىسىنى ئەيىبلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى.
ئاتوم قۇرالىغا ئىگە بولغان كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ يەر ئاستى ئاتوم
سىنىقىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بىرلا چىن ھۆكۈمىتى ھېچبىر ئىنكاسقا
قۇلاق سالماي، ئۆزلىرىنىڭ سىناقلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋام قىلماقتا. نۇرغۇن
كىشىلەر بېيجىڭنىڭ ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغان رايوننىڭ شەرقىي تۈركىستان
ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە مىليونلىغان مۇسۇلمان خەلقنىڭ ياشايدىغانلىقىنى
بىلمەيدۇ. دېمەككى، قىرغىنچىلىق مەقسىتىدىكى بۇ ئاتوم يادرو سىنىقىنىڭ
قۇربانلىرى بىگۇناھ مۇسۇلمانلاردۇر.
خەلقئارا ئىسلام ئاخبارات ئاگىنتلىقىنىڭ ئۆتكەن يىلى 22 - سىنتەبىر كۈنى
ياۋرۇپا مەنبەلىرىنى ئاساس قىلىپ بەرگەن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى
خەۋىرىدە چىن بۇيىل يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ لوپنۇر رايونىدا ئىككى قېتىم
سىناق ئېلىپ بارماقچى. بۇ پەرەزلەر خەلقئارا ئاتوم قۇراللىرى تەتقىقات ۋە
ئاخبارات مەركىزىنىڭ باش مۇدىرى پاترىكىيالىۋىس تەرىپىدىنمۇ راسلىقى
ئىسپاتلاندى. بۇ تەشكىلات خەلقئارادىكى ئاتوم يادرو قۇراللىرىنى يىقىندىن
كۈزىتىدۇ. پاترىكىيانىڭ دېگىنىدەك، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۆتكەن 30 يىلدا
قانداق قىلغان بولسا، بۇ يىلمۇ ئاتوم يادرو سىنىقى شۇ پىتى داۋام
قىلىۋاتىدۇ.
خەلقئارا ئىسلامى ئاخبارت ئاگىنتىلىقىنىڭ دوكلاتى مۇسۇلمانلار رايونىدا
ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يادرو سىناقلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئادەم چۇچىغىدەك
پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ سىناقلار نەتىجىسىدە ھازىرغىچە رادىئاكتىپ
ماددىلارنىڭ تارقىلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىككى يۈزمىڭدىن ئارتۇق
كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئاھالىنىڭ ئون پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان خەلق بۇ
يەردە ئۆلۈمگە يول ئاچىدىغان راك ۋە باشقا كېسەللىكلەر بىلەن
ئازابلانماقتا. نۇرغۇن بۇۋاقلار مېيىپ تۇغۇلماقتا. ئاتوم سىناقلىرى
نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان رادىئاكتىپ ماددىلار سۇ مەنبەسى، دېھقانچىلىق
مەيدانلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىماقتا. دوكلاتتا يەنە ئۆتكەن يىلى بۇ
رايوندىكى بىرقانچە يۈز يەرلىك خەلقنىڭ سىناق مەركىزىگە بېسىپ كىرىپ،
نۇرغۇن ئەسلىھەلەرنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ قوشنىسى بولغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىمۇ چىن
ھۆكۈمىتىنىڭ يىقىندا ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، چىن
ھۆكۈمىتىنى ئاتموسفىرانىڭ بۇلغىنىشى ۋە خەلق سالامەتلىكىنىڭ تەسىرگە
ئۇچرىشىغا كۆز يۇمغان دەپ ئەيىبلىدى. قازاقىستان ئاتوم سىنىقى ئېلىپ
بېرىلىۋاتقان لوپنۇر رايونى ئۆزىگە قوشنا بولغىنى ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە
يىقىندىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئاتوم رىقابىتى خەلقئارالىق بىر ئاپەت بولۇپ، ئۇنىڭ
زەھەرلىشىدىن ھېچ بىر يەر قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە
ئاتوم قۇرالىغا ئىگە كۈچلۈك دۆلەتلەر بۇ ئاپەتلىك قۇرال رىقابىتىنى كونترول
قىلىش ئۈچۈن، سىياسى سەھنىلەردە نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ،
نەتىجىدە ھېچبىر ھەل قىلغۇچ ئۇسۇل ئوتتۇرىغا چىقمىدى. بىراق بىز بۇنىڭ
ئىنسانىيەت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك.
خەلقئارا ئىنسانى تەشكىلاتلار ھەرقانداق دۆلەت ۋە جايدا بۇ خىل يەر ئاستى
ۋە ياكى يەر ئۈستى ئاتوم قۇراللىرى سىنىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ئاۋازىنى
تېخىمۇ يۈكسەلتىشى لازىم.
لوپنۇر ۋە باشقا يەرلەردىكى ئاتوم قۇراللىرى سىنىقىدىن زىيانغا ئۇچراۋاتقان
بىگۇناھ قۇربانلارغا ئىلغار دۇنيا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك. بۇ
ئىنسانلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقى ئىت ۋە مۈشۈكلەردىن تېخىمۇ مۇھىم.
بۇ
نوقتىدا ھەركىم مەن بىلەن ئوخشاش پىكىردە دەپ ئويلايمەن.
مەرھۇم دوكتور پەقەت ژۇرنالىستلىق ۋە يېزىقچىلىق بىلەنلا چەكلىنىپ
قالماستىن، 1998- يىلى «ئىقرەئ» ناملىق ئىسلامى تېلېۋىزور قانىلىنى تەسىس
قىلىشقا قانىشىپ، تېلېۋىزور پروگراممىسى تەييارلاش، سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇش،
باشقا پروگراممىلارغا رىياسەتچىلىك قىلىش جەھەتلەردە ئالاھىدە خىزمەت
قىلغان ئىدى.
دوكتور ئابدۇلقادىر تاش مەيلى گېزىت - ژۇرناللارغا مەسئۇل بولۇپ
ئىشلەۋاتقان ۋاقىتلىرىدا بولسۇن، مەيلى باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن قىزىل
خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى
ئۇنتۇپ قالغان ئەمەس. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ بىر كۈنى چوقۇم ھەل
بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىشكە، بارلىق
شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈرەش قىلىشقا تەشەببۇس
قىلاتتى.
1998
- يىلى 11 - ئاينىڭ 12 ۋە 15 - كۈنلىرى تۈركېيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە
شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىردىنبىر ئورگىنى ― 2 - نۆۋەتلىك دۇنيا
ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر
ياشلىرىنىڭ ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن داغدۇغۇلۇق
ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ
قۇرۇلتايغا مەرھۇم دوكتۇرنىڭ 80 ياشلىق دادىسى ۋە ئىككى ئىنىسى سەئۇدى
ئەرەبىستاندىن ئەنقەرەگە كېلىپ مىھمان سۈپىتىدە قۇرۇلتايغا باشتىن ئاخىر
قاتناشتى. مەرھۇم دوكتور بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشالمىغانلىق ئۆزرىسىنى
بىلدۈرگەن ۋە مۇنداق دەپ تەبرىكنامە يازغان ئىدى:
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!
ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئىككى ھەرەم زېمىنىدا، ئاللاھنىڭ كەبىسى يېنىدا
ياشاۋاتقان ۋەتەنداشلار نامىدىن سىلەرگە سالام يوللايمەن.
قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن دۇئادىمىز.
بۇ
قېتىمقى قۇرۇلتايغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن بولسام چەكسىز خۇرسەن
بولاتتىم. بەزى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا ئەيلەش ۋەجىدىن ئۆزرە ئېيتىشقا مەجبۇر
بولغىنىم ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىمەن.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرھمدە «ئاللاھنىڭ ئاغامچىسىغا ئېسىلىڭلار، ئۆز ئارا
تەپرىقىۋازلىق قىلىشماڭلار» دېگەن ھەمدە «ئى مۆمىنلەر، سىلەر ھەرگىز
مەيۈسلەنمەڭلار، مۆمىنلەرگە غەلىبە ئاتا قىلىمەن» دەپ ۋەدە بەرگەن.
ئاللاى تەئالا ھەرگىزمۇ ئۆز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. بىزگە ھامان
بىركۈنى مۇۋەپپەقىيەت نېسىپ ئېتىدۇ. لېكىن بۇ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىشىمىز
ئۈچۈن بىز ئۆز ئارا ئىتتىپاق بولىشىمىز، قەلبىمىزنى ئىسلام نۇرى بىلەن
بىزىشىمىز، ئۆز شەخسىيىتىمىزدىن ۋازكېچىشىمىز، ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلىشىمىز
كېرەك.
بىزگە ئالاھتىن باشقا يار - يۆلەك يوق. ئاللاھنىڭ ئاغامچىسىغا ئېسىلماي ھېچ
ئىشىمىز رۇناق تاپمايدۇ ۋە غەلىبىگە ئېرىشمەيدۇ.
ئاخىرىدا ۋەتەن داۋاسى يولىغا بارلىقىنى ئاتىغان مۇجاھىدلىرىمىزغا
ئاللاھتىن رەھمەت تىلەپ، كۈرىشىمىزنىڭ تېزراق غەلىبىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد
قىلىپ قېرىندىشىڭلار: ئابدۇلقادىر تاش»
(1998 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان)
2000
- يىلىدىن كېيىن «ئەلمەدىنە» گېزىتىنىڭ قوشۇمچە ئىسلامي بېتىنى تەسىس قىلىش
ۋە ئۇنىڭغا نازارەتچلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۇستىگە ئېلىش بىلەن
بىرگە، «ئەررىسالە» ناملىق دىنىي ژۇرنالنىڭ تۇنجى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا
قويغان ھەم ئۆزى تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
2001
- 2002 - يىللىرى دۇنيا ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئاخباراتچىلىق ۋە
ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىدارىسىنىڭ ۋە قۇرۇلتايلار ئۇيۇشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ
مۇدىرى، ئەينى ۋاقىتتا «ئىسلام دۇنياسى» گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى بولۇپ
خىزمەت قىلىش بىلەن بىرگە، قوشۇمچە «ئەلبىلاد» ناملىق ئەرەبچە كۇندىلىك
گېزىتنىڭ باش تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئۈتىگەن.
2002
- يىلىدىن 2003 - يىلىغىچە سودا تىخنىكومى ئىلمي مۇدىرىنىڭ ياردەمچىسى
سۇپىتىدە خىزمەت قىلغان.
2003
- يىلىدىن ۋاپات بولغان كۇنىگە قەدەر بىر تەرەپتىن ئۇزى تەسىس قىلغان
«ئاخبارات تەتقىقاتى ۋە مەسلىھەت ئىدارىسى»نىڭ رەئىسى ۋە ئىجرائىيە
كومتىتىنىڭ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئۆتەش بىلەن بىرگە، يەنە بىر تەرەپتىن جىددە
شەھەرلىك ھۆكۇمەت تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان «جىددە» ژۇرنىلىنىڭ باش
تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن.
دوكتور ئابدۇلقادىر تاش ژۇرنالىستلىق، ئاخباراتچىلىق، ئالىي مەكتەبلەردە
ماجىستىرلىق، دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقانلارغا دەرس بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ
دېسىرتاتسىيە ماقالىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش، دېسىرتاتسىيە ماقالىلىرىنى
مۇھاكىمە قىلىشقا رىياسەتچىلىك قىلغاننىڭ سىرتىدا، ئۇ ئىسلام مۇتەپەككۇرى
ۋە مۇسۇلمان يازغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «مۇسۇلمان شەرقىي تۇركىستان
ۋەئۇنىڭ ئۇنۇتۇلغان ئاھالىسى» 1999 - يىلى نەشىر قىلىنغان)، «سىۋېت
ئىتتىپاقىدىكى مۇسۈلمانلار» (1991 - يىل)، «ئافغانىستا ― پاجىئە ۋە ئۈمىد»
(1988 – يىل نەشرى)، «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلامنىڭ رولى»
(1991 - يىل)، «دەۋەت يولىغا بىر نەزەر» (1989 - يىل)، «غەرب ئاخباراتىدا
ئىسلامنىڭ رولى»، «ئاخبارات تەتقىقاتى» (1989 - يىلى نەشىرقىلىنغان)،
«ئامېرىكا ۋە ئىسلام ― كېلىشىپ ئۆتۇش كېرەكمۇ؟ ياكى توقۇنۇشۇپمۇ؟» (1993 -
يىلى نەشىر قىلىنغان)، «ھۆرمىتىمىز مۇسۇلمان بولغانلىقىمىزدا» (1994 - يىلى
نەشىر قىلىنغان)، «ئاخبارات ۋە ئىسلام ئالەمىنىڭ رېئال مەسىلىلىرى» (1995 -
يىل نەشرى)، «ئاخبارات ۋە مەدەنىيەتنىڭ غەربلىشىشى» 1991 - يىل نەشرى)،
«سۈنئى ھەمراغا دائىر ئاخبارات نەزەرىيىسى» (نەشىر قىلىنمىغان) قاتارلىق
كىتابلارنى يېزىپ بىر تەرەپتىن مۇستەملىكە ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دەرت -
ئەلەملىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن،
ئاخباراتچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئىسلامىيلىشىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.
مەرھۇمنىڭ ئەرەب دۇنياسىدا جۈملىدىن پۇتۇن دۇنيادا نەشىر قىلىنىدىغان
ئەرەبچە، ئىنگلىزچە گېزىت - ژۇرناللاردا ھەمدە لوندوننى مەركەزقىلغان، 38
دۆلەتتە بىرلا ۋاقىتتا نەشىر قىلىنىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» ناملىق ئەرەبچە
گېزىت، قاھىرىدە چىقىدىغان «ئەلئەھرام» گېزىتى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ
«ئەلجەزىرە»، «ئەلمەدىنە»، «ئەلبىلاد»، «ئۇككاز»، «ئەلۋەتەن» قاتارلىق
ئەرەبچە ۋە «ئەرەب خەۋەرلىرى» ناملىق ئىنگلىزچە گېزىتلەردە ھەمدە «دەۋەت»،
«مۇسۇلمانلار»، «جەمئىيەت»، «يەمامە»، «ھەج» ۋە «ئاخباراتچىلىق» قاتارلىق
ژۇرناللاردا ئۈزلۈكسىز ھالدا ھەرتۈرلۈك ماۋزۇلار ۋە ئوخشاش بولمىغان
تېمىلاردىكى ماقالىلىرى ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى.
1985- يىلىدىن 1999 - يىلىغىچە 14 يىل ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ
تېلېۋىزورى 1- قانىلىدا «ئىسلام ژۇرنىلى» ناملىق ھەپتىلىك پروگراممىنى ئۆزى
تەييارلاپ، ئۆزى سۇناتتى.
1993 - يىلىدىن 1997 - يىلىغىچە بولغان تۆت يىل ئىچىدە «ئەرەب خەۋەرلىرى»
ناملىق ئىنگىلىزچە گېزىتتە «توغرىدىن توغرا سۆزلە» ماۋزۇلۇق ھەپتىلىك
ماقالىسى ئۇزلۇكسىز داۋام قىلغان.
1994- يىلىدىن 2001 - يىلىغىچە بولغان 7 يىل جەرياندا «ئەلمەدىنە» گېزىتى
بىلەن «ئەلبىلاد» گېزىتىنىڭ كۇنلۇك سىتون ماقالىسنى يازغان.
2000
- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ۋەتەنپەرۋەر ھەمشەھەرلىرىمىز بىرلىشىپ،
ئاجايىپ دەبدەبە بىلەن، ئەخمەتجان ئوسماننى مەخسۇس سۈرىيەدىن تەكلىپ قىلىپ،
ئەخمەتجان ئوسمانغا سەككىزمىڭ دوللاردىن ئارتۇق مائاش بېرىپ، بىر سان
چىقارغان ئەرەبچە «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ژۇرنىلىنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىنى
ۋە پىلان - لايىھەلىرىنى دوكتور تاش ئۆزى مىننەتسىز قىلىپ بەرگەن ئىدى.
2002 - يىلىدىن ئىتىبارەن «ئۇككاز» گېزىتىنىڭ سىتونلىرىدا ھەپتىلىك
ماقالىسىنى يېزىشقا، 2003 - يىلىدىن كېيىن «ئەلۋەتەن» گېزىتىنىڭ پىكىرلەر
ۋە كۆز قاراشلار بېتىدە ئىزچىل ھالدا پىكىرلىرىنى بايان قىلىشقا باشلىغان.
1997
- 2001 - يىللىرى «ئىقرەئ» تېلېۋىزۇر قانىلىدىكى ۋەقەلىكلەر ئۇستىدە
تەھلىللەر ناملىق ھەپتىلىك پروگراممىىسىغا ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد رادىئوسىدا ئۇنىڭ ئۆزى تەييارلاپ، ئۆزى
سۇنىدىغان بىرنەچچە تۈرلۈك ھەپتىلىك پروگراممىلىرى بار ئىدى.
ئۇ
مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلار سۆھبەت يېغىنلىرىدا ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە
بولغىنى ئۈچۈن چەتئەل رادىئو، تېلىۋىزۇرلىرى ھەر دائىم ئۇنىڭ بىلەن ھەرخىل
تېمىلار ئۈستىدە بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ تۇراتتى.
مەرھۇم دوكتور تۇنۇلغان ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ
پادىشاھ، ۋەزىر ۋە شاھزادىلىرى بىلەن كۆرۈشكەننىڭ سىرتىدا پاكىستان دۆلەت
باشلىقى بىنەزىر بۇتتۇ، سۇدان دۆلەت باشلىقى ئۆمەرىل بەشىر، مىسىر دۆلەت
ئەمەلدارلىرىدىن ئەمر مۇسا، ئەلئەزھە ر ئالى بىلىم يۇرتىنىڭ شەيخى ئىمام
جادۇلھەق، مىسىر ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلھەلىم مۇسا،
ئامېرىكا ۋە مۇسۇلمانلار ئالاقىلىشىش ئىدارىسىنىڭ ئىجرائىيە كومىتىتى
رەئىسى نىھاد ئىۋەز ۋە ئافغانىستان ئىسلام پارتىيىسى رەئىسى ئابدۇرەسۇل
سەيياپ قاتارلىق ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەن ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
ئۇنىڭ ئاخىرقى ئارزۇسى «ئىستىقبال» ناملىق خەلقئارالىق ئۇنىۋىرسال گېزىت
چىقىرىشتىن ئىبارەت ئىدى. «ئىستىقبال» گېزىتىنىڭ مەرگىزىنى مىسىر پايتەختى
قاھىرىگە قۇرغان ۋە ۋاپاتىدىن بىر ئاي بۇرۇن تەجرىبە ئۈچۈن 2 ساننى
نەشىردىن چىقىرىپ سىناپ كۆرگەن بولسىمۇ ئۈنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇنىڭ ئۆمرى
قىسقا كەلدى. ئۇ «ئىستىقبال» گېزىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:
ئىستىقبال گېزىتى بىزنىڭ جىددىدىكى «ئاخباراتچىلىق تەتقىقات مەرگىزى» دىن
چىقىدىغان ھەپتىلىك گېزىت بۇلۇپ، ئۇ تەرەپسىزلىك ۋە ئوتتۇراھاللىقنى ئاساس
قىلغۇچى، مۇتەئەسسسپلىكتىن تولىمۇ يىراق، ئەركىن، ئازادە پىكىر قىلىش ۋە
ھەرخىل پايدىلىق پىكىر ۋە كۆز قاراشلارنى نەشىر قىلىش مۇنبىرىدىن ئىبارەت
بۇلىدۇ. گېزىتنىڭ ئاساسلىق غايىسى ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ئىچكى ئىختىلاپلىرىغا
ئارىلاشماستىن، ھېچ قايسى بىر تەرەپكە مايىل بولماستىن، تەرەپسىز ھالدا
ئۈنىڭ يىراق ئىستىقبالىغا نەزەر سېلىش ۋە ئۇنى ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت.
دوكتور تاش سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىرنەچچە ئۇنىۋىرسىتىتىلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن
ژۇرنالىستلىق ۋە ئاخباراتچىلىق ساھەسىدە ماجىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى
ئېلىش ئۈچۈن تەييارلانغان ئىلمى ماقالىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش يېغىنلىرىغا
رىياسەتچىلىك قىلغاننىڭ سىرتىدا بىرقانچە ئۈنىۋىرسىتېتىلاردا ئۆتكۈزۈلگەن
ژۇرنالىستلىق ۋە ئاخباراتچىلىق ساھەسىدە ئىلمى ئۇنۋانلارنى ئۆستۇرۇش
مۇھاكىمە يېغىنلىرىدا ھاكىملىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
20
دىن ئارتۇق دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن يۈزلەرچە قۇرۇلتايلارغا، ئىسلامى ۋەئىلمى
مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك پىكىر - كۆز قاراشلىرىنى
بايان قىلغان.
يۇقىرىقى پائالىيەتلەردىن باشقا مەرھۇم دوكتور ئابدۇلقادىر تاش يىقىندىلا
تەسىس قىلىنغان «سەئۇدى ئەرەبىستان كىشلىك ھۇقۇقى تەشكىلاتى»نىڭ، مەككە
مۇكەررىمە رايۇنى «تەلىم - تەربىيە ھەيئىتى»نىڭ، دۇبەيدىكى «ئەرەب
ئاخباراتچىلىق جەمئىيىتى»نىڭ، ئىسلام دۇنيا بىرلىكى تەشكىلاتى «خەلقئارالىق
ئىسلامى تەلىم - تەربىيە ھەيئىتى»نىڭ، «جىددە شەھەرلىك ھۆكۇمەت كېڭەش
ھەيئىتى»نىڭ، «سەئۇدى ئەرەبىستان مەدەنى يادگارلىقلار كېڭەش ھەيئىتى»نىڭ،
«خەلقئارالىق ئىسلام ئاخباراتچىلىقى ھەيئىتى» قاتارلىق تەشكىلات ۋە
جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى ئىدى.
مەرھۇم دوكتور ئابدۇلقادىر تاش ئاز ياشىغان، ئەمما ساز ياشىغان كىشىدۇر.
«ئالىم بولماق ئاسان، ئادەم بولماق تەس» دېيىلىدۇ. دوكتور تاش ھەم ئالىم
بولغان ھەم ئادەم بولغان كىشى ئىدى.
مەرھۇم دوكتور ئابدۇلقادىر تاش بىر ئۇيغۇر ئەۋلادى بولۇش سۈپىتى بىلەن،
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى جۇڭگو ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋە
ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، رەسمى ۋەزىپىسىنىڭ ئىنتايىن
كۆپلىكى ۋە ئىشىنىڭ بەكمۇ ئالدىراش بولۇشىغا قارىماي، خىتاي ھاكىمىيىتى
ئاستىدا ئىڭراۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئۆزى
مەسئۇل بولۇپ چىقىرىۋاتقان گېزىتلەرگە ماقالە يېزىپ، شەرقىي تۈركىستان
ھەققىدىكى پائالىيەتلەرگە شەخسەن قاتنىشىپ كەلگەن ۋە شەرقىي تۈركىستان
داۋاسىنىڭ ئىسلامى پرىنسىپ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە بۇ
مۇقەددەس داۋادىن نۇرغۇن ئارزۇ ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ كەلگەن بولسىمۇ، شەرقىي
تۈركىستان داۋاسى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان ۋە مەلۇم ئورۇنلارنى چاڭگىلىغا
كىرگۈزۈۋالغان «داھىيلار»نىڭ دىنسىزلىقى، ھارامخورلىقى، ھەراقكەشلىكى،
پارىخورلىقى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئۆزلىرىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇش ۋە
شەھۋانى نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئالەت قىلىۋالغانلىقىنى، بەزى تەشكىلات
رەھبەرلىرىنىڭ ئىشخانىسىغا «ئاكىسى بارسا پۈتمەيدىغان ئىش سىڭلىسى بارسا
ھەل بولىدىغان، ئەركىشى كىرسە تەتۇر قارىغان باشلىق خوتۇن كىشى كىرسە دەس
تۇرىدىغان» («بۇلاق» ژۇرنىلى 2001 – يىل 5 - سان، 102 – بەت.) ھالغا كېلىپ
قالغانلىقىنى، چەتئەللەردە بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەن ئۇيغۇرلارغا ياردەم
قىلغان شەخسلەرگە رەھمەت ئېيتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇكىشىنىڭ ئۈستىدىن شەرقىي
تۈركىستاننى ئازات قىلماقچى بولغان بەزى تەشكىلاتلار شىكايەتنامە يېزىپ،
چېقىمچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، بىر تەشكىلات چىقارغان كىتاب - ژۇرناللارنى
باشقا تەشكىلاتنىڭ يىغىن ۋە يىغىلىشلىرىدا تارقىتىشقا رۇخسەت
قىلمايدىغانلىقىنى، بىر تەشكىلاتنىڭ چىقارغان ژۇرنىلىنىڭ ۋاراقلىرىنى باشقا
يۈندىكەشلەرنىڭ يىرتىپ تاشلايدىغانلىقىنى، بىرسىنىڭ قان – تەر بەدىلىگە
تەييارلىغان ئىلمىي ئەمگىكىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپ كىتاب
باستۇرۇپ تارقاتقان «ساخاۋەتچىلەر»نىڭ رىياكارلىقىنى، بىرسىنىڭ زور ئارزۇ
ئۈمىد بىلەن مىڭ مۇشەققەتتە يېزىپ باستۇرغان كىتابىنى يەنە بىرسىنىڭ مەشكە
سېلىپ كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى
بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقانلاردىن مەيلى مىللەتچىلەرنىڭ، مەيلى
ئىسلامچىلارنىڭ، ھەتتا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى مەلۇم جەھەتتىن كونترول
قىلىپ كېلىۋاتقان ئەربابلارنىڭمۇ سەمىمىي ئەمەسلىكىنى، پىلان، ۋەدىنى كۆپ
قىلىپ، ئىشنى ئاز قىلىدىغانلىقىنى، داھىلارنىڭ ھوقۇق تالىشىش، ئېنىقراق
قىلىپ ئېيتقاندا مەنپەئەت تالىشىشتىن كېلىپ چىققان تۈگىمەس – پۈتمەس جېدەل
ماجىرالىرىنى، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل
بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر بۆلۈك «بايۋەتچىلەر»نىڭ جۇڭگو ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى
شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، قىزىل ئىمپىرىيالىزمنىڭ زۇلمى ئاستىدا
ئىڭراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن جان كەتسىمۇ مەيلى، قان كەتسىمۇ
مەيلى، پەقەت پۇل كەتمىسە، دەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، كېيىنكى كۈنلەرگە
كەلگەندە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئانچە
قىزىمايدىغان بولۇپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۈستىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلەرنى
(گەرچە بىر يەردىن شەرقىي تۈركىستانغا خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر تىيىن
ئاقچە ئالمىسىمۇ) ئۇرۇنلاشقا تىرىشىپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە، قولىدىن كېلىشىچە
خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.
ئۇ
ئانا ۋەتىنى شەرقى تۇركىستان ھەققىدە كۆپ ماقالىلار ئېلان قىلغان بۇلۇپ،
خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ئاخباراتچىلىق
مىنىستىرلىكىگە كۆپ قېتىم ئەرز سۇنىشى ۋە دىپلۇماتىيە مىنىستىرلىكى
ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرىشى بىلەن، ئاخباراتچىلىق مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن
ئىنگىلىزچە گېزىتلەردە شەرقىي تۇركىستان ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلماسلىق
ھەققىدە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش تاپشۇرۋالغان بولسىمۇ يەنىلا باشقا
ئىسىملار بىلەن داۋاملىق يېزىپ تۇرغان.
ئۇ
بىر نەچچە قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستان گېزىتلىرىگە سەئۇدى ئەرەبىستاندا
ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى تەپسىلى يېزىش ئارقىلىق،
ھۆكۇمەتنىڭ مەزكۇر قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلغان.
مەرھۇم ھەرقانچە ئالدىراش بولغان زامانىدىمۇ يۇرتداشلىرى يېنىغا كىرىپ
قالسا ئۇنىڭغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىززىتىنى قىلاتتى ۋە گەپ -
سۆزىنى زەن قويۇپ ئاڭلايتتى. يۇرتداشلىرىغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەمچى
بۇلاتتى. نۇرغۇنلىغان ھەمشەھەرلەرنىڭ ئىقامەت مەسلىسى ۋە باشقا كۆپلىگەن
قىيىنچىلىقىلىرىنى ھەل قىلغان ئىدى.
يۇرتتىن كەلگەن ھاجىلارغا نۇتۇق سۆزلىسە، سىلەر ئوت ئىچىدە ياشاۋاتقان،
ئىسلام دىنىنى ئېغىز چىشىڭلاردا چىشلەپ قوغداۋاتقان ئاللاھنىڭ شەرەپلىك
بەندىلىرى، سىلەرنىڭ بىر ۋاقىت ئوقۇغان نامىزىڭلار باشقا ئەركىن دۇنيادىكى
مۇسۇلمانلارنىڭ ئون ۋاقىت ئوقۇغان نامىزىغا باراۋەر كېلىدۇ. سىلەرنىڭ بىر
ھەجىڭلار باشقىلارنىڭ 70 ھەجىگە باراۋەر كېلىدۇ. سىلەر سەۋىرلىك بۇلۇڭلار؟
ھەرگىز ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىز بولماڭلار، دەپ سۆزلەيتتى.
يۇرتداشلار يېغىلغان سورۇنلارغا بېرىپ قالسا، بىز ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ئۇزاقنى
كۆزلىگەن، پىلانلىق ھالدا ئىش كۇرىشىمىز، ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىمىز لازىم، بىز
ئۈمىدسىزلەنسەك ھەرگىز بولمايدۇ، دەيتتى.
دوكتور ئابدۇلقادىر تاش تەقۋادار مۇسۇلمان بولۇپ، ھەر جۈمە كۇنى بالىلىرى
بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇيتتى، ئۇندىن كېيىن بالىلىرىغا دىنىي
ۋەز - نەسىھەت قىلاتتى. بۇ ئادەت ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىگىچە داۋام
قىلغان بولۇپ، ئۇ ۋەسىيەت قىلغاندىمۇ شۇ ئادەتنى دۋاملاشتۇرۇشنى
جاكارلىغان. ئۇ ئاللاھتىن ھەقىقى قورقىدىغان، راسچىل مۇسۇلمان، ئالى
پەزىلەتلىك كىشى ئىدى.
ئابدۇلقادىر تاش 2004 - يىلى 4 - ئاپرىل كۈنى كەچتە راك كېسىلى بىلەن
ۋاپات بولدى. 2004 - يىلى 5 - ئاپرىل كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پۈتۈن
گېزىتلىرى، باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ نۇپۇزلۇق گېزىتلىرى، «ئىسلام دۇنياسى
ئۆزىنىڭ قىممەتلىك پەرزەنتى دوكتور ئابدۇلقادىر تاشتىن ئايرىلدى»، «دوكتور
تاشنىڭ ۋاپاتى ئەرەب ئاخباراتىغا ئېغىر قايغۇ ئېلىپ كەلدى»، «ئاخباراتچى،
مۇتەپەككۇر دوكتور تاش ئالەمدىن ئۆتتى»، دېگەندەك دوكتورنىڭ ۋاپات خەۋىرى،
ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان ماقالە، ئەسلىمە ۋە مەرسىيىلەر بىلەن توشۇپ
كەتتى.
دوكتورنىڭ ۋاپات خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان مۇئاۋىن
ئاخبارات مىنىستىرى شاھزادە تۈركى سۇلتان ئابدۇلئەزىز: ئاخبارت مەيدانىدا
كۆپلىگەن يىڭىلىقلار يارىتىش بىلەن زور تۆھپە قوشقان چوڭ يازغۇچىمىزدىن
ئايرىلدۇق. ئۇنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ، دېسە، سەئۇدى
ئەرەبىستان پادشالىقى كېڭەش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئەرەب ژۇرنىلىنىڭ باش
تەھرىرى ئۇستاز ھەمد ئەلقازى: ھازىرقى پەيتتە ئىسلام دۇنياسى مەرھۇم
دوكتورغا ئوخشاش كەڭ مەلۇماتلىق، چوڭقۇر پىكىرلىك مۇتەپەككۇرلارغا بەكمۇ
مۇھتاج ئىدى. دوكتورنى يوقىتىش بىز ئۈچۈن ۋە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن
چوڭ يوقىتىش ۋە بەك چوڭ زىيان ھېساپلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يىرىنى ئەڭ
يۇقىرى مەرتىۋىلىك جەننەتتىن قىلغاي، ئامىن، دېدى.
ئىقتىساد گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى ئۇستاز خالىد سۇھەيىل: مەرھۇم دوكتور مېنىڭ
ئەڭ قەدىرلىك ئۇستازىم بولغىنىدەك باشقا كۆپلىگەن ژۇرنالىست ۋە
ئاخباراتچىلارنىڭمۇ ئۇستازى ئىدى. ئۇ رىياددىكى ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد
ئىسلام ئۇنىۋېرسىتىسى ئاخباراتچىلىق پاكولتىتىنىڭ مۇدىرى ۋە ئۇستازى بۇلۇپ
تۇرغان مەزگىلدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى يازغۇچىلار
ياكى ئاخباراتچىلاردۇر. ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ھەر بىر باسقۇچى باشقىلارغا ئۈلگە
بولۇشتىن ئىبارەت بۇلۇپ، ئۇنىڭ تۇرغان تۇرقىنىڭ ئۇزى بىر مەكتەپ ئىدى.
ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلىگەنلەر ئۆزلىرى ھېس قىلمىغان ھالدا ئۇنىڭدىن كۆپ
نەرسىلەرنى ئۆگىنەتتى. ئۇ قول ئاستىدا ئىشلىگەنلەرگىمۇ شۇنداق ھۆرمەت -
ئېھتىرام بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. نەچچە ئون يىللىق خىزمەت تارىخىدا بىرەر
ئىنسانغا ئۈنلۈك ئاۋازدا توۋلىغانلىقىنى ھېچ كىشى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەن
بىر مەزگىل خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلار، ھەر دائىم ئۇنىڭ بىلەن
خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى، دەيدۇ.
«ئەلمەدىنە» گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى دوكتور پەھد ئەقران: مەرھۇم دوكتور
ئاخباراتچىلىق ساھەسىدە مىسلى تېپىلمايدىغان، كۆزگە كۆرۈنگەن، تەجرىبىلىك
ئالىم ئىدى. ئۇ بولسا ژۇرنالىستلىق ۋە ئاخباراتچىلىقنى چىن قەلبىدىن
سۆيگەن، ئۆز خىزمىتىنى قەدىرلەيدىغان، ۋەتىنىگە، خەلقىگە ھەقىقى ئىخلاسمەن
ئىنسان ئىدى. ئۇ ئاخباراتچىلىق ساھەسىگە كۆپ تۆھپە قوشۇش بىلەن بىرگە
ۋەتىنىمىز ئۈچۈن سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە كۆپ خىزمەت قىلدى. ئۇنىڭ
ۋاپاتى تۈپەيلى پۈتۈن يازغوچىلار، بارلىق سەئۇدى ئەرەبىستان مەسئۇللىرى
ئۆزلىرىنى مۇسىبەتدار ھېساپلايدۇ، دېدى.
«ئەلمەدىنە» گېزىتىنىڭ تەھرىر ھەيئەت مۇدىرى ئۇستاز ئابدۇلئەزىز مۇھەممەد
قاسىم: مەرھۇم دوكتور مېنى ۋە ماڭا ئوخشاش يۈزلەرچە ژۇرنالىست ۋە
ئاخباراتچىلارنى يېتىشتۈرگەن چوڭ ئۇستاز ئىدى. گەرچە ئۇنىڭ ئاخباراتچىلىق
ۋە ژۇرنالىستلىققا قوشقان تۆھپىلىرى سان - ساناقسىز بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ
پىكرى جەھەتتە قوشقان تۆھپىسىمۇ ئاز ئەمەس. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى
كۈنلىرىدىمۇ قىلچە بوشاشماي «باشقىلارنىڭ تەنقىد پىكرىنى قۇبۇل قىلىش»
دېگەن تېما ئاستىدا بىر نەچچە ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ ھەر ئىنسان
تەنقىدنى دادىل قۇبۇل قىلىشى كېرەك. چۈنكى تەنقىد ئۆز ئۆزىدىن ھېساپ
ئېلىشقا يول ئاچىدۇ. ئۆز ئۆزىدىن ھېساپ ئېلىش مۇۋەپپىقىيەتگە ئېلىپ بارىدۇ،
دەيتتى.
يازغۇچى ھەلىمە مۇزەففەر خانىم مۇنداق يازىدۇ: مەرھۇم دوكتور بىز كۈنلۈك
ھاياتىمىزدا ئۇچرىتىدىغان نورمال ئىنسانلاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ پىكىر
قىلىش ئۇسۇلى، ئالى پەزىلەتلىك ئەخلاقى ئۇنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ
تۇراتتى. ئۇ بىزگە ھاياتى گۈزەللىك بىلەن تولغان، مۇتىئەسسىپلىكتىن يىراق
ھالدا مۆتىدىل پىكىر قىلغۇچى، كۈچلۈك ئىرادىلىك، ئالى ھىممەتلىك ۋە كۆپ
يىراقلارنى كۆرەلەيدىغان، پاك قەلبلىك بىر ئىنسانىڭ سىمۇۋلىنى قالدۇرۇپ
كەتتى. بىز ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىشىمىز لازىم.
«ئەلبىلاد» ژۇرنالىستلىق ۋە ئاخباراتچىلىق شىركىتىنىڭ سابىق مۇدىرى
ئابدۇلئەزىز ھەنەفى: دوكتور ئابدۇلقادىرنىڭ ژۇرنالىستلىق ۋە ئاخباراتچىلىق
ساھەلىرىدە كۆرسەتكەن سان - ساناقسىز خىزمەتلىرى ئالدىدا ئۆزىمىزنى ئۇنىڭ
قەرزدارلىرى ھېس قىلماقتىمىز. گەرچە بىز ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەققىنى ئادا
قىلىشتىن ئاجىز بولساقمۇ تۆۋەندىكىچە 3 تۈرلۈك تەلىۋىمنى مۇناسىۋەتلىك
مەسئۇللارنىڭ دىققىتىگە سۇنىمەن:
بىرىنچى ئۇنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ماقالىلىرى، نۇتۇقلىرى ۋە باشقا
ئەسەرلىرىنى توپلاپ، تەتقىقاتچىلار ۋە نەشرىياتچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا
تەقدىم قىلىنىشى؛
ئىككىنچى «دوكتور ئابدۇلقادىر تاش مىدالى» ناملىق مىدال تەييارلاپ، ھەر
يىلى ئاخباراتچىلىق ۋە ژۇرنالىستلىق ساھەسىدە ئالاھىدە نەتىجە
قازانغانلارغا تەقدىم قىلىنىشى؛
ئۈچىنچى مەرھۇم دوكتورنىڭ جىددە شەھىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان، جىددە
ئاشىقىلىرىدىن بىرى بولۇش سۇپىتى بىلەن جىددە شەھىرىگە تەقدىم قىلغان
خىزمەتلىرىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، جىددە شەھەر يوللىرىدىن بىرىنىڭ
ئىسمىنى ئۇنىڭ ئىسمىغا ئۆزگەرتىلىشىنى، ئىلتىماس قىلىمەن، دېگەن.
دوكتور ئابدۇلقادىر تاش 2004 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى،
بۈگۈن مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا
ئۈچ
يىل بولدى، بىز مەرھۇمنى چەكسىز سېغىنىش بىلەن قايغۇ ئىچىدە ئەسلەيمىز ۋە
مەرھۇمغا ئاللاھتىن كاتتا مەغپىرەت ۋە رەھمەت تىلەيمىز، ئاللاھ ياتقان
يىرىنى جەننەتتە قىلغاي، ئامىن!!! |