English

Türkçe

 

عربي

ئۇيغۇرچە

 

 

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى ـ دولقۇن ياسىن (ئۇچقۇن)

 

(1938-2005- يىللار)

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زامانىمىزدىكى ئۇلۇغ شائىرى، ئاتاقلىق ژۇرنالست ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيۇن دولقۇن ياسىن (ئۇچقۇن) 1938- يىلى 5 - ئايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى ۋىلايىتى سۈيدۇڭ ناھىيىسىدە زىيالى، شائىر ياسىن خۇدا بەردى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

دولقۇن ياسىن  ئىپتىدائى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەلىملىرىنى غۇلجا شەھىرىدە ئېلىپ، 1953 - يىلى 8 - ئايدا سابىق شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) ئىنىستىتۇتى تىل ـ ئەدبىيات پاكولتېتىغا ئوقۇشقا كېرىپ، ئۇنى 1956 - يىل 7 - ئايدا ئەلا دەرىجىدە تۈگەتكەن.

ئۇ 1956 – يىلىدىن 1961 - يىلىغىچە تاشكەنتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئونىۋېرسىتېتى تىل ـ ئەدەبىيات فاكولتېتى ژۇرنالىستكا بۆلۈمىگە ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇنى قىزىل دىپلوم بىلەن پۈتتۈرگەن.

1961 - يىلىدىن 1963 - يىلىغىچە ئۈرۈمچىدىكى «تارىم» ژورنىلىدا تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن.

1963 - يىلىدىن 1968 - يىلىغىچە قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ «قارىمۇقچە» قاتارلىق يېزىلىرىغا سۈرگۈن قىلىنغان.

كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسى تەقىپ قىلىشى، قىيىن ـ قىستاققا ئېلىشى، قولغا ئېلىش سەۋەبلىرىدىن 1968 - يىلى 10 - ئايدا مۇڭغۇل يىگىتى ئەركىن بىلەن چېگرا ئاتلاپ، ئالمۇتىغا ـ قازاقىستانغا چىقىپ كەتكەن.

دولقۇن ياسىن 1969 - يىلىدىن باشلاپ ئالمۇتىدىكى «يېڭى ھايات»، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى رېداكىسيەلىرىدە 1999 - يىلىغىچە ئىشلىگەن.

ئۇ 1999 – 2000 - يىللىرى ئۆزى باش تەھرىر بولۇپ، مۇستەقىل ھالدىكى «يېڭى زامان» گېزىتىنى نەشىر قىلدۇرغان.

شائىرنىڭ 1 - شېئىرى 1954 - يىلى «شىنجاڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت» (تارىم) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭ قازاقىستاندا «تاش ئۈستىدىكى گۈل» (1943)، كېيىن ئۇنىڭغا ئۇلۇشۇپ، «چىغىر يوللار» (1941)، «ھايات قوڭغىرىقى»، «يەر ئاۋازى» (1982)، «ئۇپۇقلار» (1988)، «ئانا يەر مېھىرى»، «گۈلنارەنىڭ دوستلىرى» بولۇپ، 10 دىن ئۇشۇق كىتاب، 10 لاپ داستان، 1000 دىن ئۇشۇق چوڭ ـ كىچىك، ھەر خىل تېمىلاردىكى ماقالىلارنى ئېلان قىلغان.

2003 - يىلى ئالمۇتىدىكى «ئۇش قىيان» نەشرىياتى شائىرنىڭ ئېلان قىلىنمىغان، يېڭى شېئىرلىرىنى ئاساس قىلغان 400 بەتتىن ئۇشۇق «تەشنالىق» شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلدى. بۇ ئەسەر ئاساسەن لېرىك شېئىرلار، باللادا ۋە داستانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىدە ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى، مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى، ھايات، تەبىئەت، ئىنسان، دوستلۇق ھەم مۇھەببەتنى كۈيلەشنى ئاساس قىلغان ھەم ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ كۈيلەلىگەن ئىستېداتلىق شائىر ئىدى.

دولقۇن ياسىننىڭ شېئىرلىرى ئېنگىلىز، رۇس، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە قاراقالپاق تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان. 2004 - يىل ئۇنىڭ «يەر ئوغلىمەن» دېگەن كىتابى موسكۋادا رۇس ۋە ئېنگىلىز تىلىدا نەشىر قىلىندى.

شائىر دولقۇن ياسىننىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئىجادىيىتى ئاساسەن ئۆتكەن ـ 20 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە قۇشۇلغان چوڭ تۆھپە بولۇپ، ئۇ ئەسەرلىرىدە ئىنقىلابى مەزمۇن، ھەر خىل شەكىل، يېڭىچە سىتىلدىكى باي تېمىلىرى، ئۆزىگە خاس فىلوسوفىيەلىك پىكىرلىرى ۋە نازۇك لېرىكىلىق ھېس ـ تۇيغۇلىرى بىلەن يېڭى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە زور ماھارەت كۆرسەتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ شېئىرىيىتىمىزدە تۇتقان ئۇرنى ئالاھىدىدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن 2003 - يىلى 11 - ئۆكتەبىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرى ئابدۇللا ئەخمەت ئوغلى روزىبافيېۋ نامىدىكى ئۇيغۇر گىمنازىيە شائىرنىڭ 65 - يىللىق تەۋەللۇدى ۋە ئىجادىيىتىنىڭ 50 - يىللىقىغا بېغىشلانغان كېچىدە مۇسكۋادىن كەلگەن 5 كىشىلىك مۇكاپاتلاش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ـ تارىخ ۋە تىل ـ ئەدەبىيات پەنلىرىنىڭ ئاكادېمىك، پروفېىسسور ۋە دوكتورى روستان رەخمان ئاليېۋنىڭ دولقۇن ياسىنغا نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئالتۇن يۇلتۇزلۇق مېدالىنى بېرىش نۇتقىدا «دولقۇن ياسىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى» دەپ ئاتىغىنى بىكار ئەمەس!

دولقۇن ياسىن ئاباي قۇنانباي، ئا. پۇشكىن، ئا. توۋاردوۋىسكى، ر. گامزاتوۋ ۋە ئولجاس سولايمانوۋقا ئوخشاش كلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.

دولقۇن ياسىن ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقى، ھۆرلىكى ئۈچۈن يالغۇز قەلەم تۇتقان شائىر بولۇپلا قالماستىن، ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى ۋە مىللىتىنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈنمۇ يەنە بىر قولىغا ئەلەممۇ تۇتقان ۋەتەنپەرۋەر جەڭچى ئىدى.

ئۇ تاشكەنتتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتىدا 60 - يىلنىڭ ئاخىرى 61 - يىلنىڭ بېشىدا 33 ساۋاقدىشىنىڭ كوممۇنىست خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇم ـ ستەملىرىنى پاش قىىلپ سوۋېت كومپارتىيىسى 1ـ سكرىتارى ن. س. خىروشېۋقا ئەۋەتىلگەن «ئۇچۇق خەت»نى يېزىش، تەشكىللەش ۋە ئۇنى مۇسكوۋاغا ئېلىپ بېرىشقا قاتناشقان ۋە بۇ ھەرىكەتتىكى مۇھىم شەخىسلەردىن بىرسى ئىدى. ئەنە شۇ ئەقىدىسى بىلەن ۋەتەندىن ۋە قازاقستاندا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنقىلابى تەشكىلاتلار بىلەن زىچ ئالاقىدە بولۇپ، رەھبەرلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ، 1992 - يىلى تۈركىيە ئىستانبولدا ئېچىلغان 1 - قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ ئىشتىراكچىسى ۋە ياۋرۇپانىڭ بەزى مەملىكەتلىرىدە ئىچىلغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى قۇرۇلتاي ـ كونفرانسلارغا قاتنىشىپ ۋەتىنىمىز داۋاسىغا ئاكىتىپ ئۇلۇش قوشقان ئىدى.

دولقۇن ياسىن ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلىك خالىس، پىداكارانە خىزمەتلىرى، ئىجادى ئەمگەكلىرى ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى پەن، مائارىپ، سەنئەت، سانائەت ئاكادىمىيەسىنىك ئاكادېمىكى، نوبېل مۇكاپاتىغا 100 يىل ئالتۇن مىدالنىڭ ساھىبى، قازاقستان يازغۇچىلار ئىتىپاقى «ئىلياس جانسۇ گوروۋ» نامىدىكى مۇكاپاتنىڭ لاۋرىئاتى ۋە 1- دەرىجىلىك «ئىلھام» مۇكاپاتىنىڭ لاۋرىئاتى قاتارلىق شەرەپلىك ئونۋانلارغا ئېرشكەن ئىدى.

بىر ئۆمۈر ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يورۇق تاڭلىرىنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولۇپ، شۇ يولدا كۆرەشكەن مۇجاھىت شائىر 2005 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئالمۇتادىكى ئۆز ئۆيىدە بۇ ۋاپاسىز دۇنيا بىلەن خۇشلاشتى.

مەرھۇمنىڭ جەسىدى ئالمۇتا «دۇرۇژبا» ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى مۇسۇلمانلار قەۋرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. مەرھۇم شائىر دولقۇن ھاجى ياسىن  ئوغلى ئائىلىلىك بولۇپ، ئۇ بىر قىز، 3 ئوغۇل پەرزەنتىنىڭ ئاتىسى ئىدى.

جانابى ئاللاھ مەرھۇمنىڭ جايىنى فېردەۋۇس جەننەتتىن قىلغاي، ئامىن!

ئەخمەت ئىگەمبەردى

 2005 - يىل 8 – ئۆكتەبىر   لىۋېرپۇل ـ سيدنېي


  مەرھۇم شائى دولقۇن ياسىن شېئىرلىرىدىن نەمۇنە

مەن ئۇيغۇرمەن

 دولقۇن ياسىن (ئۇچقۇن)

 مەن ـ ئۇيغۇرمەن بەختىم پۈتۈن تۇغۇلغان،

تارىختا بىر يۇلتۇز بولۇپ تۇنۇلغان.

ۋادىلاردا تولۇپ ئاققان دەريارىم،

يىللار ئېشىپ، چۆللەر ئارا سوغۇلغان.

 

دەۋىر سۈرگەن شۇ بەختىيار چاغلاردا،

غۇرۇرلۇغۇم كۆچكەن، بەلكى تاغلارغا،

سېخىلىقىم، ساخاۋىتىم چېچىلىپ،

قالغىنى راست ئېتىزلارغا، باغلارغا.

 

مەن ـ ئۇيغۇرمەن، قىممەت كۈلكەم يېشمدىن،

ئۆتكەن ئۈچۈن تالاي قىسمەت بېشىمدىن.

رەنجىمەيمەن تەلەيلىكلەر كۆرسىمۇ،

كۆرمەسكە سېپ ئۆتۈپ كەتسە قېشىمدىن.

 

يوللار ئۇزاق، مۈشكۈل ئىكەن سەپىرىم،

يات قوللارغا تۇتقۇن بولدى زەپىرىم.

ئۆزگىلەردىن ئىلتىپات قىپ سۇنۇلغان،

ئەركىنلىگىم ئەسلى ئالتۇن قەپىزىم.

 

مەن ـ ئۇيغۇرمەن ئۆزلۈگۈم بار، ئۆزۈم بار،

دار ئالدىدا ئېيتقۇچىلىق سۆزۈم بار.

تارىخلارغا تۇپا چاچماق نە كېرەك،

كىملىكىمنى كۆرگۈچۈلۈك كۆزۈم بار.

 

تەڭرى تېغى ـ مىسلى ئالتۇن قالقىنىم،

ئۆلمىگىنىم ئۇندا ئۆلۈپ ياتقىنىم،

ئەۋلادلارنىڭ جاسارىتىن قوچاقلاپ،

ۋەتەننىڭ بىر تېشى بولۇپ قاتقىنىم،

 

مەن ـ ئۇيغۇرمەن، ئوچۇق قولۇم ـ ئالقىنىم،

بەرگىنىمدىن ئازدۇر ھامان ئالغىنىم،

گۈدەكلەردەك ئىشەنگەك، شۇ تۈپەيلى،

لېۋىم چىشلەپ ھەم ئالدىنىپ قالغىنىم،

 

بۇ ئالەمدە ئامەت نېسپ ھەركىمگە،

قۇيۇلغانكەن مېنىڭ بەختىم گۆرۈگە،

ئۆز ئۆيۈمنىڭ، خانلىغىمنىڭ ئاچقۇچىن،

مەن تۇتقۇزۇپ قويغان ئۈچۈن بىرەۋگە،

 

مەن ـ ئۇيغۇرمەن، ئىمان بىلەن گېزەكمەن،

تارىخ قەسرى ئىچىدە بىر تال تېرەكمەن،

ئانا ۋەتەن قۇچىقىدا كۈچلىنىپ،

ئايرىلغاندا زېدە بولغان يۈرەكمەن.

 

مىڭ ئۆلسەممۇ تىرىك، ئۆلدۈم دېمەيمەن،

دوستقا مەڭگۈ ئۆمۈر، ئامەت تىلەيمەن،

دۈشمىنىمگە ئاتاپ قويغان خەنجەرنى،

ئىنتىقامنىڭ بىلىيىدە بىلەيمەن،

 

مەن ـ ئۇيغۇرمەن، ئۆملۈك بىلەن كۆكەرگەن،

چېچىلغاندا قودرىتمنى ژۈتەرگەن،

بىر قولۇمدا ئۈمىتۋارلىق مەشئىلى،

جاسارەتنى بايراق قىلىپ كۆتەرگەن.

 

بىر قولۇمدا قارغۇ تاقەت جامى بار،

ئۇ پەپىلەپ غۇرۇرۇمنى ئوخلىتار.

ئۆزگە خەسىس، ئۆزگىلەرگە سېخىلىق،

مېنى غەپلەت ۋادىسىدا يۇقىتار.

 

مەن ـ ئۇيغۇرمەن، بىر ناننى تەڭ بۆلۈشكەن،

دوستلارنى دەپ مەيدانلاردا ئۆلۈشكەن.

قېرىنداشلار يىغلىسا يىغلىشىپ،

كۈلكىسىنى ئۆزەمنىڭ دەپ كۈلۈشكەن.

 

مەن ـ ئۇيغۇرمەن، ئەجدادلىرىم خاقانى،

بىرى ئۆلسە ئاراش قويماس قاتارنى.

مىڭ ئەپسۇسكى، ئۆتمۇش بىلەن ماختىنىپ،

ئۆتكەزگىنىم راستمۇ تالاي خاتانى.

 

مەدھىيەنى يازماس شۇڭا قوللىرىم،

مىڭ تەرەپكە ئۇچ ئەپ كەتتى يوللىرىم.

قېنى مېنىڭ مىڭ تەرەپتىن بىر ياققا،

دەريا بولۇپ ئاققان مېنىڭ ھۇنلىرىم؟

 

مەن ـ ئۇيغۇرمەن، سۆزدە بىرلىك سۆزلىگەن،

ئىناقلىقنىڭ ئۈلگۈسىغۇ بىز دېگەن.

ئەسلىدىچۇ؟ يالغۇز قالغان تۇرنىدەك،

چەكسىز ئاسمان ئۆزرە توپتىن ئىزدىگەن.

 

تەسەللاغا تولغان ئۈچۈن ۋۇجۇدۇم،

كۆزلەرنىمۇ كۆرمەس قىلدى تولۇپ قۋم.

ئاتاي دېسەم غەپلەت، ئاپەت قەسرىگە،

پاراسەتتىن ياسالغان يوق بىر ئوقۇم.

 

مەن ـ ئۇيغۇرمەن، ناخشا ـ سازغا مەھلىيا،

جوربۇپ ناخشا ئېيتار ھەتتا ئەۋلىيا،

زۇلمەتىنمۇ يورۇتقاندەك تۇيۇلار،

ناخشا گويا چاچقان كەبى نۇر ـ زىيا.

 

ناخشا ئوخشاش ئۆتمەس ھايات يىراققا،

كۆڭۈللەرنى تولدۇرغاچقا پىراققا،

شۇڭا جاۋاب بەرمەك قىيىن: «نېمىشكە

ناخشاڭدىن سەن ئاجىز؟» دېگەن سوراققا.

 

مەن ـ ئۇيغۇرمەن، تۈنلىرىم كۆپ، كۈنۈم يوق،

يۇرتۇم چەكسىز، تىنچ ياتار گۆرۈم يوق؟

خۇشتار بولغان كۈيلىمەككە ئەزەلدىن،

بىر ئاجايىپ ۋەتىنىم بار، مۆھرۈم يوق.

 

مەن ـ ئۇيغۇرمەن، كۈلكەم قىممەت يېشىمدىن،

تالاي قىسمەت ئۆتكەن ئۈچۈن بېشىمدىن.

تۈگىدى.

 

باش بەت

aturan2003@yahoo.com

بارلىق نەشر ھوقۇقى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىغا ئائىت

 All Rights Reserved Taklamakan Uyghur Publishing 2007 --- 2009 http://www.uyghurweb.net