|
ئۈچ
ئەپەندى ۋە ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ياشلار ھەرىكىتىدىكى تەسىرى
دولقۇن ئىيسا
20 –
ئەسىر، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر ئەسىر
بولدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ بىر ئەسىر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ
سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي ۋەقەلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى.
مۇستەقىللىقىنى يوقاتتى. نۇرغۇن قېتىم قوزغالدى. قانچىلىغان ئىچكى ۋە تاشقى
ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈردى. ئىككى قېتىم مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى، تەكرار
يوقاتتى. نۇرغۇنلىغان سىياسىي كۈرەشلەرگە قاتناشتى. مىليونلارچە قىز –
يىگىتلىرىمىز شېھىد بولدى. دەريا – دەريا قانلار ئاقتى. مىڭلارچە قەھرىمان
پالۋانلار، يۈزلەرچە قوماندانلار، گېنېراللار، كۆپلىگەن سىياسىيون ۋە دۆلەت
ئەربابلىرى يېتىشىپ چىقتى.
سادىر پەلۋان، نۇزۇگۇم، ئوسمان باتۇر، غېنى باتۇرغا ئوخشاش قەھرىمان
باتۇرلار، تۆمۈر خەلىپە، خوجىنىياز ھاجىم، ئېلىخان تۆرەم ۋە مۇھەممەد ئەمىن
بۇغراغا ئوخشاش ئىنقىلاب داھىيىلىرى ۋە قوماندانلار ، گېنېراللار، سابىت
داموللام، مەسئۇد سەبىرى، ئىيسا بېك، ئەھمەدجان قاسىمىغا ئوخشاش مەشھۇر
جامائەت ئەربابى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپلەرگە ئوخشاش
شائىرلار، تۇرغۇن ئالماس، ئابدۇرەھېم ئۆتكۈرگە ئوخشاش تارىخچى، يازغۇچىلار
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 20 – ئەسىردە ياراتقان ئەسەرلىرىدۇر.
بۇلار سىپارتاكتەك قەھرىمان، ناپالىيۇندەك قوماندان، بۈگۈنكى كۈندىكى
كېلىنتوندەك، مىتراندەك سىياسەتچى كىشىلىرىمىز بولۇپ، دۇنيا تارىخىدا
يۇقىرىقى ئىسىملار بىلەن بىر بەتتە، بىر قۇردا ئورۇن ئېلىشقا مۇناسىپ
كىشىلەر ئىدى.
بىز
دېمەكچى بولغان ئۈچ ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 20 – ئەسىردە
يېتىشتۈرگەن ئىنقىلاب داھىيلىرى، دۆلەت ئەربابلىرى، يېتىشكەن سىياسەتچى ۋە
مەشھۇر ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدۇر.
بۇلار يالغۇز شەرقىي تۈركىستاندىلا ئەمەس، دۇنيادا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتە
ئالاھىدە تونۇلغان كۈچلۈك سىياسىي تەسىرگە ئىگە زاتلاردۇر. بۇ ئۈچ ئەپەندى
مەسئۇد سەبىرى بايقوزى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئىيسا يۈسۈپ
ئالپتېكىنلەردۇر. ئەينى زاماندا بۇلار ئۈچ ئەپەندى ۋە بۇلار بىلەن بىر
سەپتە كۈرەش قىلغان سەپداشلىرى قۇربان قۇداي، چىڭگىزخان داموللام،
ئابدۇساتتار بۇلبۇلى، پولات قادىرى، ھاجى ياقۇپ، ئابدۇرەھېم ئۆتكۈر، خېۋىر
تۆمۈر قاتارلىق يۈزلەرچە كىشى ئۈچ ئەپەندىچىلەر دەپ ئاتالغان ئىدى. ئۈچ
ئەپەندىنىڭ 30 – يىللاردىكى كۈرەش شەكلى بىر بىرىدىن پەرقلىق ئىدى. ئۇلار
شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەر خېل يوللارنى ئىزدىدى ۋە ئوخشاش
بولمىغان يوللاردا ھەرىكەت قىلدى.
مەسئۇد سەبىرى تۈركىيىدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ، شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ
كەلگەندىن كېيىن، ۋەتەننى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يولى ئالدى بىلەن ‹خەلقنى
نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش›، ‹روھى دۇنياسىنى ئازاد قىلىش› دەپ قارىدى ۋە بۇ
يول بىلەن ھەرىكەت قىلدى. مەكتەپ ئاچتى، ياشلارنى تەربىيلەشكە باشلىدى.
قىسقىسى مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋەتەننى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يولى ‹قوراللىق كۈرەش› دەپ
قاراپ، بۇ يولنى تۇتتى ۋە قوراللىق ئىنقىلابقا تەييارلىق قىلىپ، 1933 –
يىلى خوتەندە قوراللىق ئىنقىلاب قوزغاپ، خوتەننى ئازاد قىلدى. 1933 – يىلى
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاساسلىق رول ئوينىدى.
ئىيسا بەگ، ئەينى چاغدىكى تارىخىي شارائىتنى تەھلىل قىلىپ، شەرقىي
تۈركىستاننىڭ چىقىش يولى ‹سىياسىي كۈرەش› دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى. غەربىي
تۈركىستاندىكى دېپلوماتىك خىزمىتى جەريانىدا، سىياسىي كۈرەشكە كىرىشتى ۋە
كېيىن خىتاينىڭ پايتەختى نەنجىڭ، چۇڭچىڭلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سىياسىي
كۈرەشنى داۋام قىلدى. گېزىت، زۇرنال نەشىر قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان
مەسىلىسىنى تونۇشتۇردى.
بۇ
ئۈچ ئەپەندى، 1940 – يىلى تىلدا، پىكىردە، ھەرىكەتتە بىردەك بولۇش شۇئارى
ئاستىدا بىر ئارىغا كەلدى، بىر پۈتۈنلۈك شەكىللەندۈردى. بىر ـ بىرىنى
تولۇقلىدى. ئوخشاش نىشان، ئوخشاش پروگرامما ۋە ئوخشاش سىياسىي قاراش
ئاستىدا گومىنداڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سىياسىي كۈرەشنى
بىرلىكتە ئېلىپ باردى. «ئۈچ ئەپەندى» دېگەن نام مۇشۇ دەۋرلەردە مەيدانغا
چىقىشقا باشلىدى.
1948 – يىلى شەرقىي تۈركىستاندا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. ھۆكۈمەت
رەئىسلىكىگە مەسئۇد سەبىرى، مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، باش
كاتىپلىققا ئىيسا ئەپەندى تەيىنلەندى. بۇ خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ شەرقىي
تۈركىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرنىڭ ئۆلكە
رەئىسلىكىگە تەيىنلىشى ئىدى.
بۇ
ئۈچ ئەپەندى 1940 - يىلى ۋە بىر قىسىم ئۈچ ئەپەندىچىلەر، 1946 - يىلى
جۇڭگودىن شەرقىي تۈركستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، سىياسىي كۈرەشنى داۋام
قىلىش بىلەن بىرگە، مەدەنىي ئويغىتىش ۋە تەشۋىقات پائالىيەتلىرى بىلەن
شۇغۇللاندى.
ئىيسا ئەپەندى ئۈرۈمچىدە ئالتاي نەشرىياتى ئىدارىسىنى قۇردى. مۇھەممەد
ئەمىن بۇغرا نەشىرىياتنىڭ باش مۇھەرىرلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. ئالتاي
نەشرىياتى، كۈندىلىك گېزىت بولغان «ئەرك»نى ۋە «ئالتاي» ژۇرنىلنى نەشر
قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن كىتابلارنىمۇ نەشر قىلدى. مەسىلەن: پولات
قادىرنىڭ «ئۆلكە تارىخى»، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «قەلەم كۈرىشى» ۋە
«شەرقىي تۈركىستان تارىخى» (بۇ كىتابنىڭ يېرىمى بېسىلىپ چىققان) قاتارلىق
ئەسەرلەر ئالتاي نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئىدى. ئىيسا
ئەپەندىمنىڭ «ئەسىر شەرقىي تۈركستان ئۈچۇن» دېگەن كىتابىنىڭ دەسلەپكى
نۇسخىلىرى «مەن ۋە مېنىڭ غايىلىرىم» دېگەن ماۋزۇدا ئەرك گېزىتىدە ئېلان
قىلىنغان ئىدى. ئالتاي نەشرىياتى «تىلدا بىرلىك، پىكىردە بىرلىك، ئىشتا
بىرلىك، دىنىمىز ئىسلام، مىللىتىمىز تۇرك، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۇركىستان»دىن
ئىبارەت بۇ شۇئارلار ئاستىدا خىزمەتلىرىنى داۋام قىلدى. ئەينى زاماندا ئۈچ
ئەپەندى ۋە ئۈچ ئەپەندىچىلەر ئۆزىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك ۋە
ئىسلامى ئىدىيىلىرىنى ئالتاي نەشرىياتى ئارقىلىق تارقاتقان ئىدى. ئەرك
گېزىتى شەرقىي تۈركىستاندا ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك روھىنى تىرىلدۈرۈش
ۋە دىنىي ئويغىتىشتا زور رول ئوينىدى. خەلق ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.
نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى. بولۇپمۇ بىر بۆلۈك
مىللەتچى زىيالىلار قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈردى.
ئۈچ
ئەپەندىنىڭ سىياسىي، ئىدىيىۋىي قاراشلىرى ۋە پائالىيەتلىرى كېيىنكى
زامانلاردىكى يەنى 80 - يىللاردا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان شەرقىي
تۈركىستان دېموكراتىك ياشلار ھەرىكىتىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى.
1985
- يىلى 12 - دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە باشلانغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى شەرقىي
تۈركىستان دېموكراتىك ياشلار ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى بولدى. 1988 -
يىلى 15 - ئىيۇل كۈنى ئوتتۇرىغا چىققان 2 - قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى
بولسا، شەرقىي تۈركىستان دېموكراتىك ياشلار ھەرىكىتىنىڭ راۋاجىدۇر. بۇ
ئىككى قېتىملىق ياشلار ھەرىكىتى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىدا يېڭى بىر
دېموكراتىك كۈرەش سەھىپىسىنى ئاچتى. گەرچە بۇ ئىككى قېتىملىق ياشلار
ھەرىكىتىنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى ھېچقانداق بىر تەشكىلات ياكى كۈچ بىلەن
ئالاقىسى بولمىسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ۋەتەن سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر
ۋە ئىيسا گۇرۇھى بىلەن ئالاقىلىق دەپ قاراپ، ئىيسا گۇرۇھىنىڭ ۋەتەن
ئىچىدىكى بۆلگۈنچى، مىللەتچى ئەكسىيەتچى ئىدىيىلىرىنى تازىلاش مەقسىتىدە،
نەشرىيات، تەشۋىقاتلاردا مەسئۇد، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئىيسا قاتارلىق
ئىسىملارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا باشلىدى. 30 يىلدىن بۇيان ھېچ تىلغا
ئېلىنمىغان، تىلغا ئېلىش چەكلەنگەن، بۇ سەۋەبتىن ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان،
كۆپلىگەن ياشلار ھېچ بىلمىگەن ياكى ھېچ ئاڭلاپ باقمىغان ئۈچ ئەپەندى
قايتىدىن جەمئىيەتكە، ياشلارغا ئاڭلىنىشقا باشلىدى.
مەسئۇد، مۇھەممەد ئەمىن، ئىيسا كىم؟ ياشلار بۇ سوئاللار ھاققىدە
ئويلىنىشقا، ئىزدىنىشكە ۋە بىلگەنلەردىن، پىشقەدەملەردىن ئۆگىنىشكە
باشلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەتۇر تەشۋىقاتلىرى خەلقنى، جەمئىيەتنى ئالدىيالمىدى.
ئەكسىچە، خەلقنىڭ پايدىسىغا بولدى. خەلق، بولۇپمۇ ياشلار شەرقىي تۈركىستان
خەلقىنىڭ 20 - ئەسىردە يېتىشتۇرگەن بۇ مەشھۇر ئىنقىلابىي رەھبەرلىرىنى
ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئىپتىخارلاندى، ھاياجانلاندى. مۇھىمى ئۈمىدى ۋە كۈچى
تېخىمۇ زورايدى، جاسارەتلەندى. 1982 - يىلى ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتى (شىنجاڭ
داشۆ) تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىرقانچە كىچە - كۈندۈز جاپالىق
ئىشلەش ئارقىلىق، مەخپى ھالدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ شەرقىي تۈركىستان
تارىخىنى كۆچۈرۈپ 200 نۇسخا بېسىپ چىقتى ۋە تارقاتتى. بۇ ئىشتىن خەۋەر
تاپقان ھۆكۈمەت دەرھال ئادەم ئۇيۇشتۇرۇپ، تارقالغان كىتابلارنىڭ بىر
قىسمىنى يىغىۋالغان بولسىمۇ، كۆپ قىسمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر تەرىپىگە
تارقىلىپ كەتتى ۋە قولدىن - قىلغا ئۆتۈپ، كىشىلەر تەرىپىدىن سۆيۈپ ئوقۇلدى.
شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ۋەتەننىڭ ھەقىقى تارىخىنى
بىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. مىڭ يىللاردىن بۇيان قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنى
قۇرۇپ، دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بۇ مىللەتنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى،
كىشىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئويغا سالدى.
1991
- يىلى بىر يىلدىن ئارتۇق تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئۇيغۇرلار، ھۇنلارنىڭ قىسقىچە
تارىخى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قاتارلىق ئۈچ كىتابى تەنقىد قىلىندى.
بۇ كۆرۈنۈشتە ئۈچ كىتابنى تەنقىد قىلىش بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مۇھەممەد
ئەمىن بۇغرانىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى تەنقىد قىلىش، مۇھەممەد ئەمىن
بۇغرا، ئىيسا ئەپەندى، مەسئۇد ئەپەندىلەرنى تەنقىد قىلىش ئۇلارنىڭ
«پانتۇركىزم»، «پانئىسلامىزم» ۋە «بۆلگۈنچى ئىدىيە»لىرىنى تەنقىد قىلىش
بولدى. بۇ ھەقتە 100 دىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. كىتابلار نەشىر
قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى، ئويغانغان خەلقىمىزدە ئىجابىي
تەسىر پەيدا قىلدى. خىتايلار كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمىدى. ئەكسىچە
خەلقىمىزنى تارىخىي ھەقىقەتلەر، يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى.
مۇستەقىللىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇلىرىنىڭ كۈچلىنىشىگە بىۋاسىتە تەسىر
كۆرسەتتى. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەردىكى تەسىرى ئالاھىدە بولدى.
كەينى - كەينىدىن يۈز بەرگەن بىرقانچە قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن
كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركستاندىكى يەرلىك خاقانى ۋاڭ ئىنماۋ
شىنجاڭ داشۆ بىر قارا ئۇۋا دېگەن بولسا، كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ
سېكرىتارى سۇڭ خەنلياڭ ئۈرۈمچى ئۇنۋېرسىتېتىدە بەرگەن بىر قېتىملىق
دوكلاتىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ كۆپى
نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ داشۆدىن چىقىدۇ؟ بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى گومىنداڭ
دەۋرىدە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا شىنجاڭ داشۆدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ئۇنىڭ شۇ
چاغدا چاچقان ئۇرۇقى بۈگۈن بىخلىماقتا! بۇنىڭغا قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك
دېگەن ئىدى.
دېمەككى، مەسئۇد ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەپەندى ۋە ئىيسا ئەپەندى
قاتارلىق ئۈچ ئەپەندىنىڭ مەيلى ئەينى چاغدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي
پائالىيەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيىلىرىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىدىن بولسۇن، مەيلى
كېيىنكى زامانلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز مەقسەتلىرىگە يەتمەك ئۈچۈن، ئۈچ
ئەپەندى ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش سەۋەبى بىلەن پەيدا
قىلغان تەسىرلىرىدىن بولسۇن، شەرقىي تۈركىستان دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ
كۈچلىنىشىدە ئاكتىپ ۋە تەسىرلىك رول ئوينىدى ھەم ھىلىمۇ ئوينىماقتا.
1995 – يىلى 6 – ئاي، ئىستانبۇل
(1995 – يىلى 6 – ئاينىڭ 15 - كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھەممەد
ئەمىن بۇغرانىڭ ۋاپاتىنىڭ 30 - يىللىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان ناملىق
مۇھاكىمە يىغىنىغا سۇنۇلغان.)
|