|
ئابدۇللاھ تالىپ
ئىگەرلىك ئات
(تارىخىي پوۋېست)
مۇندەرىجە
مۇقەددىمە
بىرىنچى باب تاش تۇمار
ئىككىنچى باب ئېگەرلىك ئات
ئۈچىنچى باب كېچىكتۈرۈلگەن توي
تۆتىنچى باب تاللاش
بەشىنچى باب ھىجران ناخشىسى
ئالتىنچى باب قوچقار پالۋان ھارابتا
يەتتىنچى باب كاچۇڭدىكى چۈش
سەككىزىنچى باب ئەرۋاھتىن سادا
توققۇزىنچى باب تىركىشىش
ئونىنچى باب تاغبۇلاق ھېكايىلىرى
ئون
بىرىنچى باب يېغى ياندىن چىقار
ئون
ئىككىنچى باب ئەلۋىدا، ئېگەرلىك ئات
خاتىمە
مۇقەددىمە
بىپايان قۇم بارخانلىرى تەكتىدە كۆمۈلۈپ قېلىپ، نەچچە ئەۋلاد
قوۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ يادىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان بىر چىن رېئاللىق
ئۇزۇندىن بۇيان ئوي-خىياللىرىمنى غىدىقلاپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ئىشتىياق ئوتى
قەلبىمدە تىنىمسىز يالقۇنجايتتى. ئۇنىڭ بەدىئىي تەسۋىرى ماڭا بىر يارقىن
مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى بېغىشلىغانىدى. بۇ بەدىئىي ئەسەر ئەنە شۇنداق ھېسسىيات
تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلدى...
تارىخ رېئاللىقى بىر سۈزۈك ئەينەك؛ ئۇ
—
گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى پەرقلەندۈرۈپ بېرىدىغان جاھاننامە. ئۇ
—
ھەقىقەت بىلەن سەپسەتىنى ئۆلچەپ بېرىدىغان تارازا. ئۇ
—
ھايات كومېدىيىسى بىلەن تراگېدىيىنىڭ جانلىق شەجەرىسى. ئۇ يەنە كېلىپ
مۇھەببەت بىلەن نەپرەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى
—
سودىيە.
قولىڭىزدىكى بۇ تارىخىي پوۋېستتا بىر ئاتلىق سەرۋازنىڭ 30- يىللارنىڭ
باشلىرىدىكى كومېدىيىلىك رېئال سەرگۈزەشتلىرى ھەمدە ئۇنىڭ مەرھۇم شائىر
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق) بىلەن بولغان رومانتىك
مۇناسىۋەتلىرى تەسۋىرلىنىدۇ. ئەسەر قەھرىمانى قوچقار پالۋاننىڭ ئۆسمۈرلۈك
ھاياتى، مۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرى ھەمدە ئۇنىڭ جەڭگىۋارلىق بىلەن تولغان
تراگېدىيىلىك ھايات ئىزلىرى ئوقۇرمەنلەرگە بەئەينى خەلق داستانلىرىنىڭ
جەزبىدار تەسۋىرىنى ئەسلىتىدۇ.
ئەسەر قەھرىمانى قوچقار پالۋان 30- يىللارنىڭ باشلىرىدىكى قۇمۇل-تۇرپان
دېھقانلىرىنىڭ شامەخسۇتقا قارشى قوزغىلىڭىنىڭ ئاكتىپ قاتناشچىسى بولۇپ،
ئۇنىڭ مۇشۇ تارىخىي بىئوگرافىيىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە، يېقىن سەپدىشىم
مەرھۇم ئابدۇقادىر ھاجى ياقۇپنىڭ ئەسلىمىسى ھەمدە ئاپتورنىڭ توقسۇنلۇق
دوستى
—
يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر بىلەن بولغان كۆپ قېتىملىق سۆھبەت خاتىرىسى
قاتارلىقلار پوۋېستتىكى مەشھۇر پېرسوناژلار تەسۋىرىنىڭ چىنلىقىغا ھۆججەتلىك
دېتال ۋە رېئال ئاساس بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن مېنى غەپلەتتىن ئويغىتىپ،
قەلبىمگە چىراغ ياغقان ھەقىقىي ئىلھامچى يەنىلا دۇنيا تارىخ پەنلىرىنىڭ
ئاتىسى ھېرودۇت نىڭ تۆۋەندىكى مەشھۇر سۆزى بولدى: «ھايات مەنزىلى بەك
قىسقا؛ پەسىل مەۋسۇمى تېز ئۆتۈپ، ئۇنتۇلىدۇ. پەقەت يازما تارىخىلا ھاياتقا
مەڭگۈلۈك تاج كىيدۈرەلمەيدۇ.»
بىرىنچى باب
تاش
تۇمار
1
ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىلىرى...
يالقۇنجاپ تۇرغان ئىسسىق تەپتىدىن كىشىلەر سالقىن كامېر ئۆيلىرىگە
كىرىۋېلىشقانىدى. گاھىلىرى سەگىدەش ئۈچۈن ئۆستەڭ ياقىلىرىدىكى تاللار
ئارىسىغا يۈگۈرۈشەتتى. كوچا-كويلاردا شالاڭ مېڭىپ يۈرگەن ئادەملەرنىڭ
ئەتراپىدا پىژغىرىم ۋىل-ۋىل ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. كۆپكۆك تىنىق ئاسماندا
ئاشۇ بىرلا نۇرلۇق قۇياش جەۋلان قىلماقتا ئىدى.
تومۇزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، شىمال تەرەپتىكى ئۆستەڭ بويىدا قىڭغىيىپ
ئولتۇرغىنىچە سەگىدەۋاتقان ياشىنىپ قالغان ئىككى كىشى كۆزلىرىنى چىڭ
يۇمۇۋېلىشىپ، ئېرىنچەكلىك بىلەن پاراڭغا چۈشكەنىدى:
—
قىشلىقى ھەدىسە قاتتىق بوران، ئەمدى بولسا ئىسسىقنىڭ دەستىدىن دەم
ئالالمىغان!...
ياشانغانلارنىڭ بىرى يەنە بىرىگە قاقشاپ تۇرۇپ ئاشۇ سۆزنى قىلىشى بىلەنلا
ئىككىنچىسى جاۋابەن دېدى:
توققۇز ئېقىن، توققۇز كارىز بەرگەچكە دەرمان؛
ئۇشبۇ يۇرتتا تۇغۇلغانغا مەندە يوق ئارمان...
ئۇلارنىڭ پارىڭى بارغانچە قىزىغانلىقتىن ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
قۇياش ئاستا-ئاستا غەربكە قىيسايدى.، ھاۋا سەگىشكە باشلىدى. دەل شۇ مەھەلدە
ئاقتاش يولى تەرەپتىن ئىككى ئاتلىق كىشى كۆۋرۈك يېنىغا كېلىپ توختىدى.
ئۇلارنى كۆۋرۈك بېشىدا خېلىدىن بېرى ساقلاپ تۇرۇشقان بىر توپ ياش
ئەزىمەتلەر كۈتۈۋالدى:
—
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! خۇش كېلىپسىلەر، مۇبارەك قەدىمىڭلار قۇتلۇق بولسۇن!
قامەتلىك، ئاقپىشماق، يۇمىلاق يۈز كەلگەن، ئۇچىسىغا ناۋات رەڭ شايى يەكتەك
كىيگەن بىر ياش زىيالىي ھەممىدىن بۇرۇن بايىقى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ
قول سىقىشىپ كۆرۈشتى ۋە ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ
دەل مۇشۇ ئەزىز مېھمانلارنىڭ ساھىپخانى ئىدى. ئۆز نۆۋىتىدە مېھمانلار بىلەن
ساھىبخانا ئوتتۇز ياشلارغا چاپچىپ قالغان تەڭ دېمەتلىك دوستلاردىن ئىدى.
ساھىبخانا چېۋەرلىك بىلەن ئۇلارنى ئۆستەڭ بويىدىكى سايىگە باشلاپ بېرىپ،
بىر مەھەل دەم ئالغۇزدى. مېھمانلارنىڭ پېشانىسىدىن چىپ-چىپ تەر توختىماي
ئېقىپ تۇراتتى:
—
پاھ، بۈگۈن نېمىدېگەن ئىسسىق-ھە! «يول ئازابى
—
گۆر ئازابى» دېگەننى كۆرگىلى تاس قالدۇق،-دېدى مېھمانلاردىن بىرى چاقچاق
قىلىپ.
ئۆستەڭ بويىدا سەيلە-تاماشا قىلىپ يۈرگەن ياش بالىلار ھايت-ھۇيت دېگۈچە
تەرەپ-تەرەپتىن كېلىشىپ، مېھمانلار سەگىدەۋاتقان سايە ئەتراپىنى
ئورىۋېلىشقانىدى. ئۇلاردىن چېچەنرەك بىرى ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ،
مېھمانلارنىڭ يېنىغا باردى-دە، قارا تەرگە چۆمۈلگەن ئاتلارنى چۆمۈلگەن
ئاتلارنى سۆگەت شاخلىرىغا باغلاپ، قاڭتۇرۇپ قويدى. باشقا بالىلار بولسا،
خۇددى ئالدىن مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك ئۆيلىرىگە بېرىپ، قېتىق ۋە زاغرا
ئاچىقىشىپ مېھمانلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى. مېھمانلار بولسا بۇ جىگەرلىك ياش
يىگىتلەردىن تولىمۇ سۆيۈنۈپ كېتىشتى.
ئاقتاشلىقلار تەقەززا بولۇپ كۆتۈۋاتقا بۇ ئەزىز كىشىلەرنىڭ بىرى
—
تۇرپان ئويمانلىقىدا نامى مەشھۇر، داڭدار شائىر ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر،
ئىككىنچىسى بولسا شائىرنىڭ ھەمراھى نىياز قارى دېگەن يىگىت ئىدى. ئۇلار بۇ
يەرگە بۈگۈن ساھىبخانا سەيدۇل بايۋەچچىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن سەيلە-ساياھەت
ئۈچۈن كېلىشكەنىدى.
مېھمانلار سەگىدەپ، بىر مەھەل دەم ئېلىۋالغاندىن كېيىن ساھىبخانا
ئېغىزلىنىپ دېدى:
—
بۈگۈن تومۇزنىڭ تۇخۇم پىشىپ قالىدىغان ئىسسىقىغا بەرداشلىق بېرىپ،
لەۋلىرىمىزنى يەردە قويماي يۇرتىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭلار ئۈچۈن يەنە
بىر قېتىم تەشەككۈر ئېيتىمەن. يۇرتىمىز سىلەرنى بېشىدا كۆتۈرۈپ قىزغىن
كۆتۈۋالىدۇ. توقسۇن
—
«توققۇزدا توق» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. توققۇز تاغ، توققۇز ئېقىن،
توققۇز يايلاق، توققۇز كارىز، توققۇز بوران، توققۇز تۆمۈر، توققۇز ئۆستەڭ،
توققۇز داۋان، توققۇز ئويمان...
ساھىبخانا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇۋېتىپ مېھمانلارنىڭ كۆزلىرىدە ھارغىنلىق
ئۇيقۇسى ئەگىپ قالغانلىقىنى سېزىۋالدى-دە، دەرھال ئۇلارنى ئورنىدىن
تۇرغۇزۇپ، ئۆزىنىڭ ئازادە قەسىرىگە باشلاپ ماڭدى...
ساھىبخانىنىڭ ئۆي-ئىمارىتى مەنزىرىلىك جايغا ھەشەمەتلىك قىلىپ سېلىنغانىدى.
بىنانىڭ ئالدى ئۆستەڭ، ئىككى ياقىسى بۈك-باراقسان تال-سۆگەتلىك بولۇپ،
كىشىنىڭ زوقى كېلەتتى. بىنانىڭ يان ۋە ئارقا تەرەپلىرىگە ئالما، ئانار ۋە
ياڭاقلىق باغ بەرپا قىلىنغانىدى، مېھمانلار ھازىر مۇشۇ ھاۋالىق جايدا ھۇزۇر
سۈرمەكتە ئىدى.
2
بىر
كېچە ئۇخلاپ تولۇق ئۇيقۇسىغا قانغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەتىسى ھەممىدىن
بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. شائىر سەھەرنىڭ سالقىن، ساپ ھاۋاسىدىن قېنىپ
ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن ئۆزى يالغۇز دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ، چوڭ ئۆستەڭ ئەتراپىنى
ئايلاندى. ئارىدىن بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتكەندە ساھىبخانا سەيدۇل بايۋەچچە
ئۆيىدىن چىقىپ، شائىرنىڭ ئالدىغا سالام بېرىپ كەلدى:
—
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، نېمىشقا بۇنچە ئەتىگەن؟
ساھىبخانىنىڭ سوئالى تېخى ئۈزۈلمىگەنىدى، شائىر چاققان جاۋاب بەردى:
—
ئۇيقۇ يېتەرلىك بولدى، سەھەرنىڭ ھاۋاسى غەنىيمەن...
ساھىبخانا بۇ جاۋابقا قايىل بولدى. ئارقىدىنلا بىر يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش
توغرىسىدا بېشارەت بەردى:
—
بۈگۈن ئاخشام مېنىڭ قەسىرىمدە شەرىپىڭىزگە ئاتاپ چوڭ زىياپەت؛ ئەتە
ئاخشامدىن باشلاپ ئاغىنىلەر ئارا نۆۋەت بىلەن مەشرەپ، باراۋەت؛ بۇ
پىلانىمغا ماقۇل بولارسىز؟
—
مەرھابا، ئەلۋەتتە ماقۇل بولىمەن. لېكىن بىر مەسھىلەتىم بار. ئىسسىقنىڭ
دەستىدىن مېڭە قايناپ تۇرغان جايلاردا قاتارى مەشرەپ كەيپىمىزگە خوپ
كەلمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا ئاۋۋال تاغ سەيلىسى قىلايلى، قايتاشىمىزدا قىرنىڭ
سالقىن ھاۋاسىنى بىللە ئەكېلىمىز-دە، قاتارى مەشرەپنى قانغۇدەك
ئوينىۋالىمىز.
سەيدۇل بايۋەچچە بۇ ئورۇنلۇق تەكلىپكە بېشىنى لىڭشىتىش ئارقىلىق
قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن:
—
ئۇنداقتا، تاغقا قاچان؟...- دەپ سورىدى.
—
مۇمكىن بولسا ئەتىلا يۈرۈپ كەتسەك،- دېدى شائىر جاۋابەن،- يايلاقنىڭ پەيزى
چاغلىرى باشلاندى، پۇرسەت غەنىيمەت. ۋاقىتنىڭ ئۆتكۈزۈپ قويمىساق...
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئارقىدىن ساھىبخانا دوستىغا تەكلىپ بەردى:
—
يەنە كېلىپ يايلاقتا مۇشۇ كۈنلەردە تۇرغۇتلارنىڭ نادام بايرىمى قىزىپ
كېتىدۇ. چېلىشىش، ئېتىشىش، ئات بەيگىسى... مۇسابىقە مەيدانلىرى قاينايدۇ.
بىز بۇ يەردىن ھېچبولمىغاندا بىرەر ماھىر چېلىشچىنى ئېلىۋالغان بولساق
كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولاتتى.
—
كۆڭلۈمدىكىنى تېپىپ سۆزلىدىڭىز،- دېدى ساھىبخانا،- ئاقتاشلىق يىگىتلەر
ئارىسىدا بىر پالۋان چېلىشچى بار. ھازىرغىچە ئۇنىڭ يېنى يەرگە تېگىپ
باقمىغان. ئۇ بىز بىلەن چوقۇم بارىدۇ. مەن ئۇنى تېپىپ كېلەي، سىز سۆزلىشىپ
كۆرۈپ، ئۇنى دەڭسەپ بېقىڭ...
شۇنداق قىلىپ ئاش پىشىم بولغۇچە ئارىلىقتا ساھىبخانا ئاقتاشلىق چېلىشچى
پالۋاننى باشلاپ كېلىپ، شائىرنىڭ ئالدىدا ھازىر بولدى.
چېلىشچى يىگىت قەسىرگە كىرىشى بىلەن سالام بەجا كەلتۈرۈپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
بىلەن قىزغىن قول سىقىشتى ۋە ئۆزئارا ئامان-ئېسەنلىك سوراشقاندىن كېيىن
ئەدەپ بىلەن گىلەم سېلىنغان ساراي ئۆينىڭ پەگاھىغا يېقىن جايغا كېلىپ
ئولتۇردى. ساھىبخانا ئۇلارىڭ ئالدىغا يېڭىدىن داستىخان كەلتۈردى.
—
مەزەگە مەرھەمەت،- دېدى ساھىبخانا تەكەللۇپ بىلەن،- مۇھەببەت پاراڭلىرىمىز
ئىشتىھانى ئاچىدۇ، پېقىرنىڭ رام - رۇجەكلىرى، ئىشىك-تۈڭلۈكلىرى مەھكەم؛
قېنى كەڭ كۇشادە...
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر غىزالانغاچ چېلىشچى پالۋاننىڭ يوغان گەۋدىسى، مۇسكۇللۇق
قامىتى، تەرەققىي قىلغان بۇلجۇڭ گۆشلىرى ۋە كېلىشكەن بەستىگە كۆز يۈگۈرتۈپ
ھەيران بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. شائىرنىڭ ئاشۇ چاغدىكى ھېسسىياتىنى
سېزىۋالغاندەك ساھىبخانا سۆھبەت دەرۋازىسىنى باشلامچى بولۇپ ئېچىپ بېرىش
نىيىتىدە ئېغىزلىنىپ دېدى:
—
بىزنىڭ بۇ يۇرت بوران ۋە كەلكۈن ئېغىزىغا جايلاشقان. ھەر يىلى دېگۈدەك ئاشۇ
ئىككى زومىگەر بىلەن جەڭ بولۇپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق ئۆزگىچە مۇھىت بىزدە
نۇرغۇن قاۋۇل پالۋانلارنى يېتىشتۈرگەن. يېنىمىزدىكى بۇ يىگىت ئاشۇ
پالۋانىمىز ئىچىدىكى داڭلىق سەركىلىرىمىزدىن بىرى. پەمىمچە، دوستۇم
ئابدۇخالىق بۇ يىگىتنىڭ ئەھۋالىغا قىزىقىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئۇنداقتا بىز
سۆزنى ئالدى بىلەن چېلىشچى پالۋىنىمىزنىڭ ئۆزىگە بەرسەك...
سەيدۇل بايۋەچچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يىگىت باداشقان قۇرۇپ
ئولتۇرغان ئورنىدىن سەل-پەل كەينىگە يۆتكەلدى ۋە ئوڭ قىرىنى كىچىكرەك
قاتلاپ بېشىغا كىيىۋالغان ئاق شاپاق دوپپىسىنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ سۆزىنى
داۋام قىلدى. قوشۇما قاش، بۈركۈت بۇرۇن، ئاق يۈز، بۇلاق كۆز بۇ يىگىتنىڭ
ئىككى قۇلىقى خېلىلا چوڭ بولۇپ، باشقا كىشىلەرنىڭ قۇلىقىدىن ئالاھىدە
پەرقلىنىپ تۇراتتى. يوغان بوينىغا ئېسىۋالغان تاش تۇمارنىڭ كۆكسى
ئارالچۇقىغا يەتكۈچە ساڭگىلاپ، ئالدى ئوچۇق كۆڭلىكىدىن پارقىراپ كۆرۈنۈپ
تۇرۇشى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى تېخىمۇ بەك جەلپ قىلغانىدى.
—
بولىدۇ ئەمىسە،–
دېدى يىگىت جاراڭلىق ۋە تىمەن تەلەپپۇزدا سۆزىنى باشلاپ،–
ھېلىراقتا بۇ سەيناغا كېلىۋاتقان يول ئۈستىدە سەيدۇل ئاكامدىن
شائىرلىرىمىزنىڭ نام-شەرىپىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم. بۈگۈنزە
قەدىمكىلەرنىڭ «دەم غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت» دېگەن مەشھۇر سۆزى تازىمۇ
ئۇختىسىغا كەلدى. ئۆزۈم ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۈگۈنكى پۇرسەت تېخىمۇ غەنىيمەت.
شۇ ۋەجىدىن مۇشۇ قىممەتلىك مىنۇتلاردا ھەربىرلىرى ئالدىدا ئىچ-قارنىمنى بىر
تۆكۈۋالسام، ئىچىم بوشاپ خېلى يەڭگىللەپ قالىمەن...
چېلىشچى يىگىت ئاشۇ ئۆزرىخاھلىق سۆزىدىن كېيىن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئۇنىڭ رومانتىك مەزمۇن بىلەن تولغان بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك سەرگۈزەشتلىرىنى
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا مۇنداق ئىدى: ئۇ
—
جۇمھۇرىيەت تەسىس قىلىنغان يىللىرى توقسۇننىڭ شەھەر ئىچىدىكى ئاقتاش
مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئابدۇنىياز كامال ئىسىملىك يىگىت ئىدى. ئاتىسى
كامال قەرەن تېرىچىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئاپىسى توختىخان ئىشچان ۋە
دىيانەتلىك ئايال ئىدى. بىراق، ئۇ تاسادىپىي تەگكەن قارا كېزىك كېسىلى
تۈپەيلى ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئوغلى ئابدۇنىياز بىلەن ئىككى ياشقا
كىرگەن قىزى ھاشىخاننى يېتىم قالدۇرۇپ قازا قىلدى. ئابدۇنىياز ھېلىغىچە
بوينىغا ئېسىپ كەلگەن ئاشۇ «تاش تۇمار»
—
مېھرىبان ئانىسىنىڭ ئوغلىغا قالدۇرۇپ كەتكەن قۇتلۇق تەۋەررۈكى ئىدى.
ئېتىقاد سىمۋولى بولۇپ كېلىۋاتقان «ئاقتاش رىۋايىتى» ئېغىزدىن-ئېغىزغا
كۆچۈپ زامان-زامانلاردىن بېرى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتاتتى. بېشىمىزدىن ساقىت
قىلالايدۇ» دەپ چوقۇنۇشاتتى. «ئاقتاش ئەۋلىيا»سىغا ئاتاپ نەزىر-چىراغ
بېرىشەتتى. ئابدۇنىياز كامالمۇ ئاشۇ ئېتىقادنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئىدى.
ئۇ
بەش يېشىدىن باشلاپ ئۆيىدىكى كۆك قوزا-قوچقار بىلەن ئۈسۈشۈپ ئوينايتتى.
ئاتىسى كايىپمۇ، ئەدەپلەپمۇ ئۇنى توسۇۋالالمىغانىدى. ئۇنىڭ كەڭ، ئالدىغا
بۆرتۈپ چىققان پىشقان پېشانىسى ئەنە شۇ ئۈسۈشۈش مەشىقىنىڭ مەھسۇلى ئىدى.
كېيىنچە ئۇنى ئاداشلىرى «قوچقار پالۋان» دەپ ئاتىشىۋالدى. ئەمدىلىكتە،
بالىلىق دەۋرىنىڭ يالدامىسى بولغان بۇ لەقەم ئۇنىڭ مەشھۇر تەخەللۇسى بولۇپ،
ئۆزلىشىپ قالغانىدى.
ئابدۇنىياز كامال چوڭ بولغانسېرى ئاتىسىغا ھەمدەم بولۇپ تېرە ئاشلاش، تېرە
ئەيلەش ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان بولدى. ئاتىسى كامال قەرەن بۇنىڭدىن بەكمۇ
خۇرسەن بولاتتى. ئاشۇ ھۈنەر مەشغۇلاتى ئارقىلىق ئابدۇنىيازنىڭ بىلەكلىرى
بازغاندەك توملىشىپ، بۇلجۇڭ گۆشلىرى بۆرتۈپ چىقىپ زورايغانىدى.
ئۇ
بەزەن چاغلاردا ئۆگەي ئاپىسى ھەمراخان بىلەن تەرگىشىپ قالسا، كوچىغا چىقىپ
ھىدايى قاتارلىق ئاداشلىرىنى تاپاتتى-دە، سوغا بىلەن ئاقئۆستەڭدىن سۇ توشۇپ
بازار ئاھالىسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيتتى. بۇنىڭدىن خەلق مىننەتدار بولاتتى،
ئالغان تاپان ھەققى بىلەن ئۆز تۇرمۇشىنى قامدايتتى. ئۇ، بۇ ئىشى بىلەن خېلى
يىللارغىچە مەلىك بولۇپ چېنىقتى. ئۇنىڭ كۈچلۈك پاچاقلىرى ۋە ئاياغ
تاپانلىرى ئەنە شۇ چېنىقىشنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
مۇشۇنداق قاۋۇل، ئۆكۈزدەك جىسمانىي ساپاغا ئىگە بولغان بۇ يىگىت توققۇز
كارىز بويىچە ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدىغان داڭلىق چېلىشىش پالۋىنىغا ئايلىنىپ
داڭق چىقارغانىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «بىر داڭلىق چېلىشچىنى ھەمراھ
قىلىۋالساق» دېگەن ئارزۇسىغا يارىشا ساھىبخانىنىڭ تېڭىرقىماستىنلا
ئابدۇنىياز كامالنى قەسىرگە باشلاپ كېلىشمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن ئىدى.
ئۇ
ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلۈك كەچۈرمىشلىرىنى تەسۋى سىيرىۋاتقاندەك رىتىملىق بايان
قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر دەرھال ئېغىز ئېچىپ ئۇنىڭدىن
سورىدى:
—
سىز ئوقۇغانمۇ، خەت ساۋاتىڭىز بارمۇ؟...
—
ئوقۇغان،–
دېدى ئۇ، شائىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ،–
يەتتە يېشىمدىن تارتىپ مەھەللىمىزدىكى «ئاقتاش مەدرىسە»سىگە كىرىپ زاكىر
موللام دېگەن ئوقۇمۇشلۇق كىشىنىڭ قولىدا خېلى چوڭ بولغۇچە ئوقۇپ خەت
ساۋاتىمنى چىقاردىم. زېھنىم ئۆتكۈر ئىدى. ئوقۇيدىغان بالىلار كۆپ بولغاچقا،
زاكىر موللام مېنى ئۆزىگە كىچىك خەلپەت قىلىپ تاللىۋالغانىدى. زاكىر موللام
خەتتات ئىدى. مەن تىرىشىپ-تىرمىشىپ راۋان خەت يازالايدىغان ماھارەتنىمۇ
ئۆگىنىۋالدىم.
بۇ
جاۋابنى ئاڭلىغان شائىرنىڭ قەلبىدە بىردىنلا سۆيۈنۈش ھېسسىياتى ئۇرغۇدى-دە،
شەمەي سەپىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئالغاچ كەلگەن بىر پارچە تىترات دەپتەر
بىلەن بىر دانە قېرىنداش قەلەمنى يېنىدىكى سومكىسىدىن چىقىرىپ ئابدۇنىياز
كامالغا سۇندى:
—
مۇشۇ تىتراتنىڭ باش بېتىگە بىرنەچچە قۇر خەت يېزىپ باقسىڭىز قانداق؟ تىترات
بىلەن قېرىنداش قەلەم سىزگە، ھۆسنىخېتىڭىز بىزگە يادىكار بولۇپ قالسۇن...
ئابدۇنىياز كامال شائىرىنىڭ قولىدىن دەپتەر بىلەن قەلەمنى ئالدى-دە،
تىتراتنىڭ بىرىنچى بېتىگە ئۇچلانغان قېرىنداش بىلەن تۆۋەندىكى خەلق
ناخشىسىنىڭ بىر كۇپلېت تېكىستىنى ئىنتايىن توغرا ئىملا بىلەن چىرايلىق
يېزىپ چىقتى ۋە پەس ئاۋازدا ناخشىسىنىڭ ئاھاڭى بىلەن ئوقۇدى:
بەش-ئالتە زامان بولدى، ئاچىل،
ئالەم چۆرگىلەي دەيدۇ، ئاچىل
يۈرەكتىكى زەرداب سۇ، ئاچىل، گۈل ئاچىل،
قانغا ئۆرىلەي دەيدۇ، ئاچىل،
ئاچىل، ئاچىلمىساڭ گۈل قايدا، ئاچىل...
خەلق
ئاممىسى تەرىپىدىن يارىتىلغان بۇ تېكىستنى ۋە ئۇنىڭ ناخشا ئاھاڭىنى
ئابدۇنىياز كامال شۇنداق ئەپچىل ئورۇنداپ بەردىكى، شائىر قاتتىق
ھاياجانلانغىنىدىن جايىدا ئولتۇرالماي قالدى ۋە ئورنىدىن قوپقان پېتى
ئابدۇنىياز كامالنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قولىنى مەھكەم سىقىپ تۇرۇپ:
—
سىزگە رەھمەت، مەرھابا، بۈگۈن مەن سىزنى چۈشەندىم، بىلدىم، سىزدەك
يىگىتلەردىن خەلقىمىز پەخىرلىنىدۇ!–
دېدى.
—
ھەممىمىزلا پەخىرلىنىمىز،¬–
دېيىشتى باشقىلارمۇ شائىرغا قوشۇلۇپ. لېكىن «ئاچىل» ناخشىسىغا ئالاقىدار
بىر قىزىقارلىق ھېكايە توغرىسىدا ھېچكىم تېخى زۇۋان سۈرمىگەنىدى.
ئابدۇنىياز كامال ئاقتاش مەھەللىسىدە ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن
«ئاقتاش بۇلبۇلى» دېگەن شۆھرەتكىمۇ مۇيەسسەر بولغانىدى. ئۇ بىرىنچى بولۇپ
مۇشۇ ئەتراپتا «ئاچىل» ناخشىسىنى ئېيتىشقا باشلىغان. ئۇ ئاقتاش ئۆستىڭىدىن
سۇ توشۇش ئەمگىكى بىلەن بەند بولغان چاغلاردا ئاشۇ ناخشىسى بىلەن داڭق
چىقارغان ھەمدە مۇشۇ ناخشىنى كۆپ ئېيتقانلىقى بىلەن قارىلىنىپ، يامۇلغىمۇ
قامالغان. كېيىن يامۇلنىڭ سولاقخانىسىدىن قېچىپ چىقىپ جىمسار، گۇچۇڭ ۋە
كوجەي يايلاقلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن.
ئابدۇنىياز كامال كۆپچىلىكنىڭ يۇقىرىقى مەدھىيىسىدىن مىننەتدار
بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:
—
ئەگەر مەندە بىرەر خاسىيەتلىك پەزىلەت مەۋجۇد بولسا، بۇ مۆجىزە ئانام
رەھىتى بوينۇمغا ئېسىپ قويغان ۋە مەندىن مەڭگۈ ئاجرىمايدىغان مۇشۇ «تاش
تۇمار» غا باغلىق..،¬–
دېدى.
ئىككىنچى باب
ئېگەرلىك ئات
غاز
قاناتى قات بولۇر، ئەر قاناتى ئات بولۇر.
—
خەلق ماقالى
1
ئاشۇ
خاسىيەتلىك ئۇچرىشىش ۋە مەنىلىك سۆھبەتتىن كېيىن تۆتەيلەن ئات-ئوزۇقلىرىنى
تەل قىلىپ، تاڭلا ئەتىسى باش توخۇ چىللىغان مەھەلدە سەپەرگە ئاتلاندى.
تاڭنىڭ ساپ ۋە سالقىن ھاۋاسى دىللارغا جۇشقۇنلۇق، تەنگە راھەت ئاتا
قىلاتتى. ئاسماندا يۇلتۇزلار چاقناپ، ساي يوللىرىنى غۇۋا يورۇتۇپ باراتتى.
خىللانغان ئارغىماقلار بىر خىل يورغىسى بىلەن دىۋىتمىسىمۇ بەس-بەستە غەرب
تامان ئىلگىرىلەيتتى. ئۈستغولغا يېقىنلاشقاندا تاڭ سۈزۈلۈپ، شەرقتە ئۇپۇق
قىزاردى. ئۇزۇن ئۆتمەي، قىپقىزىل شاردەك بالقىپ چىققان قۇياش ئۆزىنىڭ
ئالتۇن نۇرلىرىنى تاغ چوققىلىرىغا سېپىشكە باشلىدى. تاغ شامىلى دىماغقا
ھۇزۇر بېغىشلايتتى. يايلاق گۈللىرىنىڭ خۇشبۇي ھىدى دىللارنى مەست قىلاتتى.
ئۇلار ئىلگىرىلىگەنسېرى قويۇق ئۆسكەن مەخمەلدەك ئوتلار بىلەن قاپلانغان
جىلغا-ئېدىرلار؛ تاغ چوققىلىرى بىلەن بوي تالىشىپ ئېگىز، قاتار
قارىغايزارلىقلار؛ پايانسىز كەڭ يايلاقلاردا بەخىرامان يايلاپ يۈرگەن چارۋا
پادىلىرى ئايىغى ئۈزۈلمەي كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. چارۋىلار ئارىسىدا
تارىختىن بېرى «ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق»
دەيدىغان بىر ماقال ئۇدۇم بولۇپ كەلسىمۇ، لېكىن قاراتاغ يايلىقى بولسا
ئوتقىمۇ، سۇغىمۇ باي
—
جەننەت ماكان ئىدى.
تۆتەيلەن قارىغايزارلىق يېنىدىكى سۈپسۈزۈك سۇ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېقىن
ساھىلىغا بېرىپ چۈشكۈن قىلدى:
—
قالتىس ماڭدۇق،¬–
دېدى سەيدۇل بايۋەچچە،–
ئارغىماقلىرىمىز بولمىسا بۇ يەرگە ئىككى كۈندىمۇ يېتىپ كېلەلمىگەن
بولاتتۇق. بۇرۇنقىلار «ئەر قاناتى ئات» دەپ جايىدا ئېيتقانىكەن.
ئۇلار ئاتلىرىنى قارىغايلارغا باغلاشتى. مۇزدەك سۇدا يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇشتى
ۋە ئۇچۇملاپ قانغۇدەك سۇ ئىچىشتى.
—
پاھ، ئابىزەمزەم، دەل ئۆزى،–
دېدى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تاغ سۈيىنى قانغۇدەك ئىچىۋالغاندىن كېيىن،–
بىزنىڭ بۇ زېمىننى قانچە تەسۋىرلەپ يازسا، قانچە سۈرەتلەپ سىزسا
ئەرزىيدىكەن...
جىڭ
گەپنى قىلدىڭىز، شائىر،–
دېدى سەيدۇل بايۋەچچە،–
زېمىنىمىز ھەقىقەتەن گۈزەل، ماختاشقا لايىق زېمىن.
سەيدۇل خۇرجۇندىن سەپەر ئوزۇقى
—
سۈت بىلەن يۇغۇرۇپ پىشۇرۇلغان قوناق زاغرىسىنى ئېلىپ داستىخانغا قويدى. تاغ
سۈيى بىلەن ئاق قوناق زاغرىسى ھەممەيلەننىڭ ئىشتىھاسىغا زوقمەنلىك
بېغىشلىغانىدى. ئاندىن ئۇلار ئېقىن بويىدىكى يېشىل چىمەنلىكتە سۇنايلىنىپ
يېتىشىپ بىردەم لەززەتلىك ئۇيقۇغا كېتىشتى.
ئۇلار تاتلىق ئۇيقۇغا غەرق بولغان ئەسنادا بىرقانچە مالچى يېتىپ كەلدى-دە،
مېھمانلارنىڭ ھاردۇق يېتىپ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى پەملەپ ئۇلارنىڭ بېشىدا
كۈتۈپ ئولتۇرۇشتى:
—
ھوي، ئەنە سەيدۇل بايۋەچچە بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟
—
قارىغىنە ئەنە، ئابدۇنىياز چېلىشچىمۇ تۇرمامدۇ؟
مالچىلار توختىماي پىچىرلىشاتتى:
—
قاراڭلار، سەيدۇل بايۋەچچىدە بىر تال، ئابدۇنىيازدا بىر تال مىلتىقمۇ بار
ئىكەن ئەمەسمۇ؟ بۇلار ئوۋغا چىققان بولسا كېرەك، جۇمۇڭلار...
مالچىلارنىڭ پىچىر - پىچىرلىرىنى ئالدى بىلەن ئابدۇنىياز سېزىۋالدى-دە،
دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە شەپە بېرىپ، قالغانلارنىمۇ ئورنىدىن
تۇرغۇزدى. ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا كۆرۈشۈپ تونۇشتى. مالچىلار بىرئازدىن كېيىن
مېھمانلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن بۇلارنى چېدىرىغا باشلاپ مېڭىشتى.
مالچىلارنىڭ كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، قولى ئوچۇق، سېخىي ۋە راستكويلۇق تەبىئىي
شەھەرلىكلەردىن پەرقلىنىپ تۇراتتى. ھايت-ھۇيت دېگۈچە ئارىلىقتا ئۇلار چوڭ
بىر قوينى سويۇشقا باشلىدى. بىرى قازانغا سۇ توشۇسا، بىرى ئوچاققا ئوت
قالاشقا كىرىشىپ كەتتى. شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بولسا، قارا تاغ
مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن چېدىر ئالدىدىكى دۆڭلۈككە چىقىپ ھەر
تەرەپكە نەزەر تاشلايتتى.
—
سەيدۇل ئاكا، ئوۋ مىلتىقلىرى داتلىشىپ قالمىسۇن، قارىسىلا، ئاۋۇ سول
تەرەپتىكى چوققىدا بىر يوغان تاغ تېكىسى بىزگە قاراپ ئوق سېغىنىپ تۇرمامدۇ؟
ئابدۇنىيازنىڭ بۇ تەلىپىگە سەيدۇل بايۋەچچە دەرھال قوشۇلۇپ:
—
بولىدۇ، سىز بېرىڭ. قېنى گۇمپىڭىزنى بىر سىناپ باقمامسىز؟–
دېدى.
ئابدۇنىياز ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىگە سىناق بولۇپ كېلىۋاتقان ئوۋ مىلتىقىنى
قولىغا ئالدى-دە، تاغقا يامىشىش ئۈچۈن ئالدىراپ ماڭدى. ئابدۇخالىق
ئۇيغۇرنىڭ ھەمراھى نىياز قارىمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ئۇلار تاغ يامزىلىدىكى
قارىغايزارلىق ئىچىگە ئەمدىلا كىرىپ تۇرۇشىغا يېقىنلا يەردە قاپلاننىڭ بىر
جەرەننى بوغۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈشتى. ئابدۇنىياز مىلتىقنى بەتلەپ شۇ تەرەپكە
ماڭدى. نىياز قارى ئۇنىڭغا سوڭدىشىپ ماڭاتتى.
—
قاپلان، قاپلان... قاراڭ، ئاۋۇ يەردە چوڭ بىر قارا قاپلان!
قارىغاي ئاستىدا بىر قاپلان سېمىز بىر جەرەننى ئاستىغا بېسىپ بوغۇۋاتاتتى.
نىيازقارى «قاپلان» دەپ ۋارقىراپ، بىر تۈپ قارىغاينىڭ كەينىگە ئۆتمەكچى
بولۇپ تۇرۇشىغا، ھېلىقى قاپلان قولىدىكى جەرەننى تاشلاپ، نىيازقارى تەرەپكە
ئوقتەك ئېتىلىپ كەلدى. ئابدۇنىياز كامال چاققانلىق بىلەن ئۇنى دەللەپ
ئاتتى. قاپلان بولسا بىرنەچچە دومىلاپ بېرىپ يېقىلدى. لېكىن پارقىرىتىپ،
چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ تۇرۇپ ئوۋچىغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايتتى. ئابدۇنىياز
ئۇنى يەنە بىر پاي ئوق بىلەن ئۇجۇقتۇراي دەپ تۇرۇشىغا قاپلان غەزەپ بىلەن
ئورنىدىن تۇرۇپ، ئابدۇنىيازغا ئېتىلدى. ئوق ئۈلگۈرمىگەنىدى. ئابدۇنىياز
غىلاپتىن خەنجەرنى سۇغاردى-دە، ئاقساپ قالغان قاپلاننىڭ بېلىگە ئۇردى.
قاپلان ھالىدىن كېتىپ يېقىلدى...
شۇنداق قىلىپ ئۇلار تاغ تېكىسى ئوۋلاش نىيىتىدىن ۋاز كېچىپ مالچىلارنىڭ
چېدىرىغا قايتىپ كېلىشتى. ئابدۇنىياز كىيىم-كېچىكىگە قاپلاننىڭ قانلىرى
چاچرىغانىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بۇنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ سورىدى:
—
نېمە ئىش بۇ، بىرەر كېلىشمەسلىككە يولۇقتۇڭلارمۇ؟
ئابدۇنىياز كامال ئېرەن قىلماي كۈلۈپ تۇراتتى. نىياز قارى بولسا سادىر
بولغان ئىشلارنى يىپىدىن يىڭنىسىگىچە ھېكايە قىلىپ بەردى. بۇ قىزىق ھېكايە
ھەممەيلەننى تولا كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرىۋەتتى.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قىزىقچىلىق قىلىپ:
—
ئاقتاشتا بىز ئابدۇنىيازنىڭ قوچقار پالۋان، چېلىشچى پالۋان دەيدىغان
لەقەملىرىنىڭ بارلىقىنى بىلگەنىدۇق، ئەمدى بولسا بۈگۈن قاراتاغدا ئۇنىڭغا
قاپلان باتۇر دېگەن يېڭى لەقەم قوشۇلدى. ھەممەيلەن قاپلان باتۇرغا تەشەككۈر
ئېيتايلى...،–
دېدى.
كۆپچىلىك پاراققىدە كۈلۈشۈپ، قىزغىن چاۋاك چېلىشتى، لېكىن مالچىلار
ئىچىدىكى بىر ياش چوپان دەرگۇمان بولۇپ، سوئال قويدى:
—
مەن ئەزەلدىن ئاڭلىغانغا ئىشەنمەيمەن، كۆرگەنگە ئىشىنىمەن؛ قۇلىقىمغا
ئىشەنمەيمەن، كۆزۈمگە ئىشىنىمەن. قېنى ماڭا كىم ھەمراھ بولىدۇ، قاپلاننى
سۆرەپ كېلىپ ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ باقمايلىمۇ؟
—
شاكىچىك توغرا ئېيتىدۇ،–
دېدى ئابدۇنىياز،–
«گۇمان ئىماننى قاچۇرۇپتۇ» دەيدىغان ماقال بار، شاكىچىككە يەنىلا ئۆزۈم
ھەمراھ بولاي، ھازىرلا كېلىمىز.
چوپان بىلەن ئابدۇنىياز ئاتلىنىپ يۈرۈپ كەتتى ۋە ئانچە ھايال بولمايلا
قاپلاننى ئاتقا سۆرىتىپ، ياش چوپان بولسا ئۆلۈك جەرەننى غانجۇغىلاپ
مالچىلارنىڭ چېدىرىغا يېتىپ كەلدى. ياش چوپان تەن بېرىپ ئابدۇنىيازنىڭ
قولىنى تۇتتى-دە:
—
سىز راستتىنلا قاپلان باتۇر ئىكەنسىز...،–
دېدى.
ئابدۇنىياز كۈلۈپ تۇرۇپ چوپانغا جاۋابەن:
—
بىز ھازىر «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى
سىناقتىن ئۆتكۈزدۇق، خالاس،–
دېدى.
—
يەنە كېلىپ بۇ سىناقنىڭ غەنىيمەتى ماڭا بولدى، بۇ يىرتقۇچ مەخلۇقنىڭ
تېرىسىدە پۇتۇمغا چورۇق تىكىپ كىيىۋالىدىغان بولدۇم ئەمەسمۇ؟
چوپاننىڭ بۇ ئەپچىل چاقچىقىدىن ھەممەيلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىشتى. كەچ
كىرىپ كېلىۋاتاتتى. سۆڭەكلىرى ئاجراپ پىشقان ئەتلەر داستىخان ئۈستىگە
كەلتۈرۈلدى. مېھمانلار غىزالاندى. كەچتە شۇ يەردە قونۇپ قېلىشتى.
2
ئۇلار يايلاقنىڭ سالقىن ھاۋاسىدا راھەتلىنىپ ئۇخلاشنى، ئۈكەر يۇلتۇزى
غەربكە چاقنايتتى. تاغ شامىلى ئېدىرلىقتىكى قويۇق ئۆسكەن خۇش پۇراق گۈل
بەرگىلىرىنى يېنىك تەۋرىتەتتى.
توساتتىن مالچىلارنىڭ ئىتلىرى قوي پادىلىرى يېتىۋاتقان قوتانلار ئەتراپىدا
ئۈنلۈك ھاۋشىپ كەتتى ۋە ئۇياقتىن-بۇياققا چېپىشىپ بىردىنلا كېچىنىڭ
جىمجىتلىقىنى بۇزۇۋەتتى. ئارقىدىنلا، قوي-قوزىلارنىڭ مەرەشلىرى كۈچىيىپ،
تاغ ئىچىدە ئەكس سادا ياڭرىتىۋەتتى-دە، ھەممەيلەننىڭ شېرىن ئۇيقۇسى ئېچىلىپ
كەتتى.
—
بۆرە، بۆرە كەلدى!...
ياش
چوپان ۋارقىرىغىنىچە ھەممىنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئارقىدىن
ئابدۇنىياز ئوۋ مىلتىقىنى قولىغا ئالدى-دە، بۆرىنى ئاتىمەن دەپ مېڭىشقا
تەمشەلدى.
—
نېمە قىلاي دەيسىز، ئاكا؟–
دېدى ياش چوپان تەمكىنلىك بىلەن ئابدۇنىيازنىڭ ئالدىنى توسۇپ،–
تەخىر قىلىڭ، بۆرىنى قوغلاپ يېتىشەلمەيسىز. ئۇنىڭ بۇرنى سىزنىڭكىدىن
سەزگۈر.
—
قويلارنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن بۆرىنى...
ياش
چوپان شۇ تاپتا تاقەتسىزلىنىۋاتقان مەرگەننىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەتتى ھەم
كۈندۈزدە بىر قاپلاننى ئېتىۋالغان ماھىر قولىدىنمۇ گۇمانلانمايتتى. بىراق،
ئۇ مەرگەنگە:
—
چوڭلارنىڭ ئېغىزىدىن كۆپ ھېكايە ئاڭلىغانمەن، قويلارنىڭ كۈشەندىسى بۆرە
ئىكەنلىكى جەزمەن. لېكىن شۇ كۈشەندە بولمىسا قويلار خامۇش بولۇپ قالىدۇ
ياكى چوپاننىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنمايدىغان بەڭۋاش مەخلۇققا ئايلىنىپ
كېتىدۇ. شۇڭا...،–
دېدى.
ياش
چوپان ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى مەرگەننىڭ قىزىقى ئاڭلاۋاتقانلىقىنى ھېس
قىلدى-دە، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
—
شۇڭا يايلاق دېگەن يەردە ئەلمىساقتىن تارتىپ بۆرە بىلەن قوي بىر-بىرىگە
ئېھتىياجلىق بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن بىز بۇ يەردە بۆرىنىڭ
كەلدى-كەتتىسىگە ئانچە پەرۋا قىلمايمىز، ئۇنى ئاتىمىز دەپمۇ ئاۋارە
بولمايمىز.
تاڭ
سۈزۈلگەنىدى. سەيدۇل بايۋەچچە سۈرەن سېلىپ ھەمراھلىرىنى ئورنىدىن تۇرغۇزدى.
ئۇلار ناشتا قىلىپ، ئاتلىرىنى توقۇشتى-دە، يېڭى مەنزىلگە قاراپ ئاتلاندى.
مالچىلار ئۇلارغا ئامانلىق تىلەپ ئۇزىتىپ قېلىشتى.
سەپەر
—
غەرب تامان سوزۇلغان جىلغا يوللىرىدا سول تەرەپتىكى پەنجىر تاغ تىزمىلىرىنى
بويلاپ داۋام قىلماقتا. بىردە ئۆرلەپ بىردە پەسلەپ، خۇددى يىلان ئىزى كەبى
ئورۇندىن - ئۇزۇنغا سوزۇلغان يوللارنىڭ ئايىغى كۆرۈنمەيتتى.
سەھەر ھاۋاسىنىڭ سالقىن بولۇشىغا قارىماي ئېگىز داۋان يېقىنلاشقانسېرى قارا
تەرگە چۆمۈلگەن ئاتلار پات-پاتلا پۇشقۇرۇپ قەدەملىرىنى سالماقلىق بىلەن
ئاستىلىتىپ باراتتى.
چاشگاھ مەھەلدە ئۇلار سارداۋان ئۈستىگە ئۇلاشتى-دە، ھەممەيلەن ئاتلىرىدىن
چۈشۈپ ئارام ئالغاچ تۆت ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ كەڭ تەبىئەتنىڭ گۈزەل
ھۆسنىگە مەھلىيا بولۇپ كېتىشتى.
—
پاھ، جەننەت ماكان!–
دېدى شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ.
سارداۋاننىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدە بىپايان يۇلتۇز يايلاقلىرى كۆزلەرنى
قاملاشتۇراتتى. بايىنبۇلاق ۋە ئاقداۋان باغرىدىن باشلىنىدىغان قايدۇ
دەرياسى گويا يالتىراق كۈمۈش لېنتىدەك شەرققە قاراپ ئېقىپ تۇراتتى. يېشىل
مەخمەلدەك قويۇق ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا ھېسابسىز يىلقا ۋە قوي
پادىلىرى كۆزگە تاشلىناتتى. تورغۇتلارنىڭ ھەر يىلى ياز كۈنلىرى بىر قېتىم
ئۆتكۈزۈلىدىغان نادام بايرىمى ئەنە شۇ يېشىل يايلاق سەھنىسىدە ئېلىپ
بېرىلاتتى. بۇ يەرگە ئاشۇ ۋەجىدىن بۇ يىلمۇ نۇرغۇنلىغان ئاق ئۆيلەر
تىكلەنگەنىدى.
قېنى
ئابدۇخالىق ئاكا، ئېيتقانلىرىڭىزدىن بىزمۇ ئورتاق بەھرىمەن بولساق،–
دېدى ئابدۇنىياز كامال،–
بۇ يەرلەرنىڭ تارىخىي رىۋايەتلىرىدىن ئازراق سۆزلەپ بەرمەمسىز؟...
شائىر دىققىتىنى يىغىپ پىسىڭڭىدە بىر كۈلدى-دە، ھەمراھلىرىنىڭ يېنىغا
قايتىپ كېلىپ داۋان ئۈستىدىكى چىمەنلىك ئۈستىدە باداشقان قۇرۇپ
ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن ھېكايىسىنى باشلىدى:
—
يىراق بىر زاماندا سارداۋان ۋە يۇلتۇز يايلاقلىرىنى بىر ئوۋچى ئاقساقال
باشقۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى بولۇپ، چوڭ خوتۇنى تۇغماس ئىكەن. كىچىك
خوتۇنى بولسا بىر ئوغۇل، بىر قىز تۇغۇپتۇ. بۇنىڭغا ھەسەت قىلغان چوڭ خوتۇنى
ھېلىقى ئىككى بالىنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ بېرىپ قايدۇ دەرياسىغا تاشلىۋېتىپتۇ،
لېكىن بۇ بالىلارنى بىر ئېيىق دەريادىن سۈزۈۋېلىپ تۇرنىزار ئورمانلىقىدا
ئاسراپ چوڭ قىپتۇ، بىر غايىپ ئەۋلىيا ئورمانلىقتا پەيدا بولۇپ ئوغۇل بالىغا
چىن تۆمۈر باتۇر، قىز بالىغا تۇرنا دەپ ئات قويۇپ كېتىپتۇ. چىن تۆمۈر
باتۇر چوڭ بولۇپ بالاغەتكە يەتكەن چاغدا، ئۆلۈپ كەتكەن ئاتىسىدىن قالغان
بىر ئاق بوز ئات، بىر مىسران قىلىچقا ئىگە بوپتۇ-دە، ئوۋچىلىق كەسپىگە
ئىشتىياق باغلاپتۇ، بىر كۈنى ئۇ ئوۋدىن قايتىپ كەلسە يەتتە باشلىق يالماۋۇز
سىڭلىسى تۇرنانىڭ قېنىنى شوراۋاتقانىكەن. چىن تۆمۈر باتۇر قەھر-غەزەپ بىلەن
يالماۋۇزنىڭ بېشىغا مىسران قىلىچنى چېپىپ ئۇنى يەتتە پارچە قىلىۋېتىپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن پۇقرالار قايدۇ دەرياسى ساھىلىغا ئەنە شۇ چىن تۆمۈر باتۇرنى
سەردار قىلىپ سايلىغانىكەن.
—
بىز ھازىر ئاتلىنىپ شۇ چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ يايلىقىغا بارىمىز. ئۇ يەردە سىز
چېلىشىش مۇسابىقىسىگە چۈشىسىز. تەلەي ئوڭدىن كېلىپ قالسا، ئۇ چاغدا
تورغۇتلارنىڭ ئاقساقىلى سىزگە چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئاق بوز ئېتىنى يادىكار
قىلىۋەتسە ئەجەب ئەمەس،–
دېدى.
شائىرنىڭ بۇ سۆزلىرى ھەممەيلەننىڭ قەلبىنى ئاجايىپ ھاياجانلاندۇرۇۋەتتى،
ئابدۇنىياز بولسا شائىرنىڭ بۇ باھاسىدىن تېخىمۇ سۆيۈنۈپ كەتتى. سەيدۇل
بايۋەچچە ئاخىرىدا سۆز قىستۇرۇپ:
—
تەڭرىتاغ ئۈستىدىكى تىلەكلىرىمىزگە تەڭرى يار-يۆلەك بولغۇسى،–
دېدى.
ئۇلار سارداۋان مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاچ مەنلىك پاراڭلىرىنى پەيدىنپەي
چوڭقۇرلاشتۇرۇپ باراتتى. ھەممەيلەن يەنە شائىرنىڭ كۆزىگە تەلمۈرەتتى.
سەيدۇل بايۋەچچە چىمەنلىك ئۈستىگە نان-توقاچلىرىنى ۋە مالچىلار يوللۇق
قىلغان پىششىق ئەتلەرنى يايدى. ئۇسسۇزلۇق ئۈچۈن جىلغىدا تولدۇرۇۋالغان بىر
قاپاق سۇنى ئوتتۇرىغا تىكلەپ قويدى. ئاندىن ئۇ:
—
مانا بۇ سارداۋان زىياپىتى، سەيلە-ساياھەتنىڭ زىياپىتى مەززىلىك بولىدۇ.
قېنى مەرھەمەت...،–
دېدى.
—
كۆڭۈل زىياپىتى تېخىمۇ مۇھىم،–
دەپ قوشۇپ قويدى ئابدۇنىياز كامال.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل تەقەززاسىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن
ئازراقلا غىزالىنىپ ئارقىدىنلا يېڭى ھېكايىسىنى باشلىدى:
—
ھاياتلىقتا ئېگىزلىك بىلەن ئۇزۇنلۇق ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم. «ئېگىزنى
كۆرەلەيدىغان ئادەم ئۇزۇننى كۆرەلەيدۇ» دېگەن ماقال - تەمسىل دەل ئاتلىق
چەۋەندازلارغا ھەمدە ئەقىل-پاراسەت ساھىبلىرىغا قارىتىپ ئېيتىلغان. مەن
شەمەي سەپىرىمدە بىر ئوقۇمۇشلۇق زاتنىڭ ئالبۇمىنى كۆرۈپ چىققان. ئۇنىڭدا
ساپلا ئارغىماقلارنىڭ ھەيكەل سۈرەتلىرى بار ئىكەن. ئارغىماقلار ئېگىز
داۋانلارنى ھەمدە ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بويسۇندۇرالىغىنى ئۈچۈن ئاشۇنداق
قەدىرلەنگەنىكەن. بۇ خۇددى بۈگۈن بىز ئارغىماقلىرىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن
سارداۋاننى بويسۇندۇرۇپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان يۇلتۇز يايلاقلىرىنى
كۆرەلىگىنىمىزگە ئوخشاش...
شائىر ئالدىدىكى قاپاقتىكى سۇدىن بىر ئوتلىۋالغاندىن كېيىن يەنە سۆزىنى
داۋام قىلدى:
—
زامانىمنىزدا ئېگىزلىك بىلەن ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمىنىڭ تەلىپى ئىلىم-مەرىپەت،
ئەقىل-پاراسەتكە باغلىق. بىلىم-تېخنىكا ئىگىلىگەنلەر ئېگىزنى، ئۇزۇننى
كۆرەلەيدۇ. جاھالەت تەرەپدارلىرى، خەلق قېنىنى شورىغۇچىلار ئۇنىڭغا يول
قويمايدۇ. ئۇنداقلارغا چۆچەكلەردىكى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ مىسران قىلىچى باب
كېلىدۇ.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر سارداۋان ئەتراپىغا يەنە بىر قۇر زەن سېلىپ قاراپ
چىققاندىن كېيىن:
—
قاراڭلار، مۇشۇ داۋاننىڭ تۆت ئەتراپىدا ھەرخىل تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر–
تۇرغۇتلار، قازاقلار، ئۇيغۇرلار ئىناق، باراۋەر ۋە ھۆر، جەم بولۇپ
ياشايدىكەن. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئەجەللىك نۇقسىنى مەرىپەت
كەمبەغەللىكىدە. مەرىپەتسىز كىشىلەر قارىماققا بەخىرامان ياشىغاندەك
كۆرۈنسىمۇ، ئاقىۋەتتە جاھالەت ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئېگىزنىمۇ،
ئۇزۇننىمۇ كۆرەلمەيدۇ،–
دېدى.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قايناق ھېسسىياتى بىلەن سۆزلەۋېتىپ تورغۇتلارنىڭ نادام
بايرىمى ئېسىگە چۈشۈپ قالدى-دە:
—
بۇرادەرلەر سۆزىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولۇپ تۇرسۇن. يەنە ھايال بولساق نادام
بايرىمىغا ئۈلگۈرەلمەي قالىمىز. قېنى ئاتلىنايلى...،–
دېدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئارغىماقلىرىغا مىنىپ يېڭى مەنزىلگە قاراپ يول ئالدى
سارداۋاندىن غەربكە قاراپ پەسلىگەنسېرى بىپايان يېشىل يايلاقلار كۆزگە
تاشلىناتتى. ئېگىز-پەس ئېدىرلىقلارنىڭ قاپتاللىرىدا سان-ساناقسىز چارۋا
پادىلىرى توپ-توپ بولۇپ ئەركىن يايلاپ يۈرۈشەتتى. ئېدىرلاردىكى شالاڭ
ئۇچرايدىغان قويۇق شاخلىق ئازغانلار ئارىسىدا غورۇلاي ۋە ساي تورغايلىرى
تىنىمسىز ئۇچۇپ ئۆزئارا جۈپ ئىزدىشەتتى. يېشىل يايلاق دېڭىزى بىلەن رەڭ
تالاشقاندەك بۇلۇتسىز ئاسمان سۈزۈك ۋە كۆپكۆك تۈستە كۆڭۈلنى مەپتۇن
قىلاتتى. بىرقانچە سار ۋە كۆكىنەكلەر كۆكتە لەيلەپ يۈرەتتى. خىل-خىلى بىلەن
توپ-توپ بولۇپ يايلاپ يۈرگەن يۇلتۇزنىڭ داڭلىق يىلقىلىرى كىشىنى تېخىمۇ
ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇ جەننەت ماكاندا ئەركىن يايلاپ،
تۈكلىرى يالتىراپ تۇرغان يىلقا توپلىرىغا ھەۋەس بىلەن قاراپ، كۆزلىرىنى
ئۈزەلمەي ماڭا-ماڭا ئاخىر تورغۇتلارنىڭ چېدىر بارگاھلىرىغا يېقىنلىشىپ
قېلىشقانلىرىنى سەزمەي قېلىشتى.
نادام سەيلىسى تۈپەيلىدىن بۇ پايانسىز تۈز ۋە كەڭ يايلاق ئۈستىگە تىكىلگەن
يۈزلىگەن ئاق ۋە يېشىل چىدىرلار قەد كۆتۈرگەنىدى. دۇپدۇمىلاق ئاق چېدىرلار
قۇياشقا، يېشىل چېدىرلار بولسا كۆك ئاسمانغا سېيما ئىدى. بەزى چېدىرلارنىڭ
ئۆگزىسىدە خىلمۇ-خىل كەشتىلەنگەن كىچىك تۇغ، بەزىلىرىدە بولسا ئات بېشى
كەشتىلەنگەن كۆركەم پلاكاتلار لەپىلدەپ تۇراتتى. ئوتتۇرىدىكى ياسىداق چوڭ
چېدىر تورغۇتلارنىڭ پىر كامىلى باشىخان ھەزرەت ئۈچۈن ياسالغانىدى. بۇ
پىركامىل بىلەن تونۇشلۇقى بولغان سەيدۇل بايۋەچچە ھەمراھلىرىنى ئۇدۇل ئاشۇ
ھەزرەتنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىردى-دە، سالام-تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ بولغاندىن
كېيىن يۈرەك سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىپ:
—
بىز جانابىي پىر كامىلنى زىيارەت قىلىشقا، جانابىي ھەزرەتتىن تەلىم ئېلىشقا
ھەمدە نادام سەيلىسىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا...،–
دېدى.
سەيدۇل بايۋەچچە سۆزىنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرۈپ بولغۇچە باشىخان پىر كامىل
ئورنىدىن تۇرۇپ سەيدۇل بايۋەچچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ كۆرۈشۈپ:
—
بولدى، بولدى سۆزلىمە، جەڭگى، مەن چۈشەندىم، كەلگىنىڭلار ياخشى بوپتۇ.
ئاۋۋال يۈز-كۆزۈڭلارنى يۇيۇۋېلىڭلار، ئاندىن گۆش يەپ، قىمىز ئىچىڭلار،
غىزالانغاچ تېخىمۇ ياخشى پاراڭلىشىمىز،–
دېدى.
ھايت-ھۇيت دېگۈچە داستىخان راسلاندى. گۆش، قىمىز كەلتۈرۈلدى. بىر مۇلازىم
قىز ھېجىر قاچىلارغا قىمىز قۇيۇپ مېھمانلارغا بىر باشتىن قاتارى سۇنۇشقا
باشلىدى.
باشىخان ياش قورامى ئاتمىش ياشلارغا چاپچىغان، ئوتتۇرا بوي، كەڭ قاپاق،
سېرىق چىراي كەلگەن مويسىپىت كىشى ئىدى. ئۇ بۇرۇن سەيدۇل بايۋەچچىنىڭ
ئاتىسى قادىر جەڭگى بىلەن ئۇلپەتلىشىپ ئۆتكەن. ئۇ ھازىر ساھىبخانا
سالاھىيىتى بىلەن مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىشقا باشلىغانىدى:
—
تورغۇتلارنىڭ كۆز نۇرىمىز،–
دېدى ئۇ سەيدۇل بايۋەچچىگە قارىتىپ،–
ئۆتكۈرلۈكتە بۈركۈتنىڭ كۆزىدىن قېلىشمايدۇ. قارىمامسەن، سېنى بىر قاراپلا
تونۇۋالغىنىمنى، ئاتاك قادىر جەڭگى سېنى ئەگەشتۈرۈپ يايلاققا بىرنەچچە
قېتىم كەلگەن. مەن سېنى شۇ چاغدا كۆرگەن. بۇ دورەم ھەمراھلىرىڭنى باشلاپ
كەلگىنىڭ ئۈچۈن بەك خۇشال بولدۇم. بىز سىلەرنى كۆڭۈلدىكىدەك كۈتۈۋالىمىز.
ئارقىدىن سەيدۇل بايۋەچچە ھەمراھلىرىنى نام-شەرىپى بىلەن قوشۇپ تونۇشتۇرۇپ
ئۆتتى ۋە ئات بەيگىسى، چېلىش مۇسابىقىلىرىگە چۈشۈش ئارزۇسىنى بىلدۈردى.
پىركامىل جاۋابەن دېدى:
—
ئەپسۇس بۇ مۇسابىقىلەر تۈنۈگۈنلا ئاياغلاشقانىدى. بەختىڭلارغا يارىشا تېخى
نادام پائالىيەتلىرىمىز ئاخىرلاشقىنى يوق. مەن ئەتىگەنلىككە بىر قېتىملىق
چېلىش ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىلەرنى رازى قىلاي. چېلىش بىرلا قېتىم بولىدۇ.
سىلەردىن بىر كىشى، بىزدىن بىر كىشى مەيدانغا چۈشسۇن. يەڭگۈچىلەر بىر
ئېگەرلىك ئاق بوز ئات تارتۇق قىلىنىدۇ. قېنى مۇشۇنداق قىلساق بولامدۇ؟
پىركامىلنىڭ بۇ مەردلىكىگە ھەممەيلەن تەڭلا تەشەككۈر بىلدۈردى. ئۇنىڭ بۇ
مەردلىكىدىن، بولۇپمۇ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر زىيادە سۆيۈنۈپ كەتتى.
كۈن
تېخى بالدۇر ئىدى. بۇ ئىش ئەنە شۇنداق تېز ھەم كۆڭۈللۈك بىر تەرەپ
قىلىنغانلىقىدىن مەمنۇن بولغان شائىر دىققىتىنى يەنە بىر نۇقتىغا يۆتكىدى.
ئۇ پىركامىلنىڭ ئۇيغۇرچە تىل - زۇۋانىنىڭ راۋانلىقىدىن ھەيران بولاتتى
ھەمدە ئورۇن بېشىدا خەنزۇچە دەرسلىك كىتاب ۋە دىنىي دەستۇرلەرنىڭ
تۇرغانلىقىدىن زوقلىناتتى. شائىرنىڭ بۇ روھىي ھالىتىنى چېچەن پىركامىل
دەررۇ سېزىۋالدى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆمۈر تارىخىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئابدۇخالىق
ئۇيغۇرمۇ شۇنىڭغا ئۇلاپ ئۆزىنىڭ خەنزۇچە مەكتەپتە تىل-يېزىق ئۆگەنگەن
تارىخىنى سۆزلەپ بەردى. چېدىر ئىچىدىكى سۆھبەت كەيپىياتى بىردىنلا
ئىلىم-مەرىپەت تېمىسىغا بۇرۇلۇپ ھېكمەت قۇياشى چاقناشقا باشلىدى. پىركامىل
ئورنىدىن تۇرۇپ بىر پارچە خەنزۇچە دەرسلىك كىتابنى ئەكېلىپ شائىرغا سۇنۇپ:
—
قېنى ئەمىسە بۇ كىتابنى كۆرۈپ بېقىڭ...،–
دېدى.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەدەپ-ئىكرام بىلەن كىتابنى قولىغا ئالدى-دە، ھېكمەت ۋە
ئىبرەت جەۋھەرلىرىدىن ھاسىل بولغان بۇ دەستۇردىن كۆزىنى ئۈزەلمەي قالدى.
بىر
مەھەلدىن كېيىن پىركامىلنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم بىلەن قاراپ:
—
يۇلتۇز يۇرتىدا سىلىدەك بىر چولپاننىڭ نۇر چېچىپ تۇرغانلىقىغا قايىلمەن.
نادام بايرىمىدىن كېيىن جانابىلىرىنىڭ ھۇزۇرىدا قېلىپ ۋە قاراشەھەرگىچە
ئايلىنىپ بىر مەزگىل تىل ۋە تارىخ ئۆگىنىش ئارزۇسىدا بولۇۋاتىمەن...،–
دېدى.
شائىرنىڭ بۇ تىلىكىگە باشىخان دەرھال ئىنكاس بىلدۈرۈپ:
—
بۇ ئىستىكىڭىزنى قوللايمەن. ئىستەك، نىيەت ۋە ئىجتىھات بولسىلا ھەرقانداق
ئېگىز داۋاندىن ھالقىپ كەتكىلى بولىدۇ، سىزگە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم
بېرىمىز،–
دېدى.
قىزغىن دوستلۇق ھاۋاسى بىلەن تولغان چېدىر سۆھبىتىنىڭ ئاخىرى
ئۈزۈلمىگەنىدى. ئېغىر ياتقۇ ۋاقتى يېقىنلىشىپ، تۈن پەرىشتىلىرى ئۇخلاپ
ئارام ئېلىشقا بېشارەت قىلاتتى. مېھمانلار پىركامىل چېدىرىدا ئۇيقۇدىن
راھەتلەنگەنىدى. ئابدۇنىياز كامال ئەتىگەنلىككە بولىدىغان چېلىشنىڭ
ئاقىۋىتىنى ئويلاپ خېلى بىر چاغدىن كېيىن كۆز يۇمدى.
ئەتىسى قۇياش شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ، زەر نۇرلىرىنى يۇلتۇز يايلىقىغا تەكشى
سېپىشكە باشلىغانىدى. بۈگۈن بولىدىغان چېلىشىش خەۋىرى تۈنۈگۈن ئاخشاملا
ئاللىقاچان ھەممە چېدىرلارغا تارقالغانىدى. تۇرغۇت ئوغۇل-قىزلىرى
ئىككىدىن-ئۈچتىن بولۇپ، چوڭ چېدىر ئالدىدىكى كەڭ يېشىل سەيناغا قاراپ
كېلىشمەكتە ئىدى.
پىركامىل مۇلازىملىرىغا بۇيرۇپ مېھمانلىرىغا ئەتىگەنلىك چاي تەييارلىدى.
بىراق ئابدۇنىياز كامال كۆرۈنمەيتتى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن سەيدۇل
بايۋەچچە تىت-تىت بولۇشقا باشلىدى. ئۇلار چېدىردىن چىقىپ ئىزلەشكە كىرىشتى.
لېكىن، ئۇ يەنىلا يوق ئىدى.
—
ئەستاغپۇرۇللا، ئۇ بۈگۈن بىزنى لەت قىلامدۇ، نېمە؟–
دەپ ۋايسايتتى سەيدۇل بايۋەچچە.
ئارىدىن بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قايدۇ دەرياسى تەرەپتىن ئابدۇنىياز
كامال يېتىپ كەلدى ۋە چېدىر ئىچىدە تەييارلاپ قويۇلغان ناشتىغا ھەمراھلىرى
بىلەن بىللە داخىل بولدى.
—
ئەتىگەندە نەلەرگە بېرىپ يۈرىسىز، ئۇكا؟–
دېدى سەيدۇل بايۋەچچە تەنە ئارىلاش زەردە بىلەن،–
بىز تېخى سىزنى چېلىشىشتىن قورقۇپ توقسۇنغا قاراپ غىپپىدە تىكىۋەتتىمىكىن،
دەپ بىئارام بولۇپ تۇرغانىدۇق.
بۇ
گەپنى ئاڭلاپ ئابدۇنىياز قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە جاۋابەن:
—
ھەزرىتى پىركامىلنىڭ تارتۇققا ئاتىغان ئارغىمىقىنى مىنمەي تۇرۇپ توقسۇنغا
قانداقسىغا كېتىمىز، ئاكا،—
دېدى.
ئابدۇنىياز كامالنىڭ بۇ يۇمۇرلۇق چاقچىقى ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈۋەتتى.
ئارقىدىن ئۇ: «دەريا بويىغا چۈمۈلگىلى بېرىپ ھايال بولۇپ قالغانلىقى»نى
ئېيتىپ، كۆپچىلىكتىن ئەپۇ سورىدى.
ناشتىلىق چاي ئاخىرلىشىپ ئارىدىن بىرمەھەل ئۆتكەندىن كېيىن چېلىشىش رەسمىي
باشلاندى. بۇ بىر قېتىملىق ئەركىن چېلىشىش ئىدى.
ئابدۇنىياز بىلەن تۇتۇشۇۋاتقان يىگىت بۇ يىلقى نادام بايرىمىدا چېلىشىشتا
يۇلتۇز بويىچە ھەممىنى يىقىتقان سىرچە ئاتلىق تورغۇت پالۋىنى ئىدى. ئىككى
پالۋان قارىماققا تەڭ سىرجە ئاتلىق تورغۇت پالۋىنى ئىدى. ئىككى پالۋان
قارىماققا تەڭ دېمەكتلىكتەك تۇراتتى. بىراق، سىرجە گۆشلۈك، پۇت-قوللىرى
قىسقا، يوغان گەدەنلىك قىياپىتى بىلەن رەقىبىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ
تۇراتتى.
ئۇلار تۇتۇشۇپ ئارىدىن خېلى بىرمەھەل ئۆتكەندىن كېيىن ئابدۇنىياز كامال
قارشى تەرەپنىڭ بېلىنى قويۇۋېتىپ، «ياپىرىم!» دەپ ۋارقىرىغىنىچە بېرىپ
سىرجەنىڭ بېلىنى يەنە قاماللىدى. ئۇنىڭ بوينىدىكى تاش تۇماردىن بىر يېشىل
نۇر ئېتىلىپ چىقىپ قاياققىدۇر غايىب بولدى. ئۇ شۇئان سىرجەنى كۆتۈرۈپ
بېشىدا ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى. سىرچە يېڭىلگىنىگە تەن ئالدى. ئابدۇنىياز
كامال ئۇنى يەرگە دەسسىتىپ تىك تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن قول بېرىشىپ
كۆرۈشتى ۋە يۇلتۇزلۇقلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى. كۆپچىلىك ئۇنىڭ باتۇرلۇقىنى
تەبرىكلەشتى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، پىركامىل تارتۇق ئۈچۈن ئالدىن تەييارلاپ قويغان قۇش
بېشى ئېگەرلىك ئاق بوز ئارغىماقنى بىر غۇلام يىگىت چېلىش مەيدانىغا يېتىلەپ
كىردى-دە، ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى پىركامىل چۇلۋۇرنى ئابدۇنىياز كامالغا تۇتقۇزۇپ
تۇتۇپ:
—
يۇلتۇزنىڭ بۇ دۇلدۇلنى سىزگە يادىكار قىلىش ئارقىلىق سىزنىڭ غەلىبىڭىزنى
تەبرىكلەيمىز،–
دېدى.
ئارقىدىن ئۇ كۆپچىلىككە مۇراجىئەت قىلىپ:
—
بۇ پالۋاننىڭ ئاتا كەسپى تېرىچىكەن. ھەر بىرىڭلار مۇشۇ بايرامدا سويغان
كالا - قويلىرىڭلارنىڭ تېرىسىنى سوۋغا قىلىڭلار، پالۋان مىنىپ كەلگەن ئات
قۇرۇق كەتمىسۇن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىلەر توقسۇنغا بېرىپ قالساڭلار،
ئەلۋەتتە، سىلەرمۇ قۇرۇق قايتمايسىلەر،–
دېدى.
پىركامىلنىڭ بۇ يۇمۇرلۇق سۆزى ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈۋەتتى.
ئۈچىنچى باب
كېچىكتۈرۈلگەن توي
1
ئىيۇلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى...
ئاقتاش مەھەللىسىدىكى كامال قەرەن ئائىلىسىنىڭ كىچىك ھويلىسىدا گويا توي
تەنتەنىسى بولغاندەك كېلىپ-كېتىپ تۇرغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. لېكىن،
ئۇ
—
توي تەنتەنىسى ئەمەس، بەلكى ئابدۇنىياز پالۋاننىڭ يۇلتۇزدىن غەلىبە بىلەن
قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ تەنتەنىسى ئىدى. ئاتخۇمار يىگىتلەر ئېغىلدىكى
تۈۋرۈككە باغلاپ قويۇلغان يۇلتۇز ئارغىمىقىنى كۆرۈپ، ئېغىزلىرى تالماي
ماختاشسا، چوڭ ياشلىقلار ھويلىنىڭ بىر چېتىگە قىرلاپ قويۇلغان خىل
تېرىلەرنى ماختىشاتتى. ئابدۇنىيازنىڭ قەدىناس دوستلىرىدىن ھىدايى
قاتارلىقلار خۇددى يىگىت قولدىشىدەك ئۇنىڭدىن بىردەممۇ نېرى بولۇشمايتتى.
كامال قەرەن بىر تەرەپتىن ئۆز ئوغلىدىن پەخىرلەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن
ئىچىدە: «ئەمدى كېچىكتۈرسەك بولماس، ئۇنىڭ بېشىنى باشلاپ قويىدىغان چاغ
بولدى...» دەپ ئويلايتتى. ئاتا كۆڭلىگە يارىشا بۈگۈنكىدەك پەيت «كۆز
قوغداش» ۋە «كۆڭۈل ئوۋلاش»نىڭ ئوبدان پۇرسىتى ئىدى.
دېمىسىمۇ ئابدۇنىيازنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بۇ سەيناغا قەدەم تەشرىپ قىلغان
باھار چولپانلىرىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. بويىغا يېتىپ قالغان بۇ قىزلار چوڭ
ياشلىق چوكانلارنىڭ «لايىق» توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى ئەتە-ئاخشاملىرى تولا
ئاڭلاپ يۈزلىرى قېتىققاچقا، ئۇلارمۇ «كۆز قوغداش»، «كۆڭۈل ئوۋلاش»نىڭ
مەنىسىنى ئوبدان چۈشىنەتتى. شۇ ۋەجىدىن، بۈگۈن بۇ قىزلارنىڭ چىمەندوپپىسى
ئۈستىدىن ئايلاندۇرۇپ بېشىغا ئارتىشىۋالغان شايى ياغلىقى ئاستىدىن
پات-پاتلا نەزەر ئوقياسىنى ئابدۇنىيازغا توغرىلاپ تۇرۇشى
—
ئۇلارنىڭ قەلبىدە جۇش ئۇرۇۋاتقان مۇھەببەت ئىسيانىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.
قىز پەرىزاتلارنىڭ بۇ ئوتتەك ھەۋىسىنى سېزىپ تۇرغان كارداڭ خوتۇنلار
ئابدۇنىيازنىڭ ئۆگەي ئانىسى ھەمراخاننىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ:
—
كۆرۈۋاتامدىلا ئاۋۇ قىزلارنىڭ كۆزىدىن ئوت-ئۇچقۇن يېنىۋاتقانلىقىنى؟ ئۇلار
ھە دېسە ئابدۇنىيازدىن كۆزىنى ئۈزەلمەيۋاتىدۇ. «تۆمۈرنى قىزىقىدا سوققان
ياخشى»، «يىگىت قىرانىغا يەتكەندە جەرەن ئوۋلىغاندىن قىز ئوۋلىغان ياخشى»،
—
دېيىشىپ قاقاقلاپ كۈلۈشەتتى. ھەمراخان ئۇلارغا دەرھال جاۋاب بېرىپ:
—
مېنى دېسەڭلارغۇ پۈتۈن ئوي- خىيالىم مۇشۇ ئىشتا؛ لېكىن پالۋان ئوغلىمىزنىڭ
مىجەزى كاجراق، ئاسانلىقچە گەپ يېمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نىكاھ دېگەن غايىب
نەرسە، ئالدىراپ لەۋزە قىلماق تەس ئىكەن. تورپاق كەينىگە تېيىشىۋالسا
ھەممىمىزگە نېمە ئامال. قېنى بۇ ئىشقا ھەممىمىز كۈچەپ باقايلى...،–
دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئاقتاشتا ئابدۇنىياز پالۋانغا ئاستىرتىن «لايىق تاللاش»
ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. بۇ سىرنى ھىدايى ئابدۇنىيازغا ئاڭلاتتى. ئابدۇنىياز
جاۋابەن:
—
«سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم يەپتۇ» دېگىنە،–
دېدى.
دەرۋەقە ئاتىقى چىققان ۋە قولىدىن ئىش كېلىدىغان، قاملاشقان بۇنداق يىگىتنى
ھەركىمنىڭ تالىشىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. بۇنداق لايىقنى ياتلارغا قارىغاندا،
يېقىنلار قولدىن چىقىرىپ قويۇشقا تېخىمۇ ئۇنىمايتتى. يىگىتنىڭ ئامەت قۇشى
ئۆرلىگەنسېرى تاللاش كەينىگە سۈرۈلۈپ، كۈنلەر-ھەپتىلەر ئۆتۈپ باراتتى.
يىگىت بولسا قۇلاق يوپۇرۇۋېلىپ بۇ ئىشلارنى ئاڭلىماسلىققا سالاتتى. ئۇنىڭ
ئوي-خىيالى ۋە ئىش-ئەمىلى يۇلتۇز ئارغىمىقىغا قاراش بىلەن ئەمەك ئىدى.
ئەمما بىتاقەت بولغان ئاتا
—
كامال قەرەن ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كېڭىشىپ ئابدۇنىيازنىڭ بىر نەۋرە
سىڭلىسى
—
پاتىمەنى كېلىن نامزاتى قىلىپ يەڭ ئىچىدە تاللىۋالدى.، ئۇنىڭدىن بۆلەك
ھەرقانداق لايىق ئۇنىڭ خىيالىدا يوق ئىدى.
زىلۋا بوي، قوشۇما قاش، بۇغداي ئۆڭلۈك، ئىككى مەڭزى ئاناردەك قىزىل، خۇشخۇي
مىجەزلىك پاتىمە گۈزەللىك ۋە زېرەكلىكتە ھەرقانداق پەرىزاتلاردىن
قېلىشمايتتى. ئۇ
—
كىچىكىدە ئاقتاش مەدرىسىدە ئوقۇپ تولۇق ساۋاتلىق بولغان، رەسىدە يېشىغا
تولغاندىن كېيىن مەكتەپتىن توختاپ ئائىلە ئىشلىرىغا قاراشقان. ئۇ، كامال
قەرەننى چوڭ ئاتا دەپ ئادەتلەنگىنى ئۈچۈن بۇ ئۆيدىكىلەرنىڭمۇ ھېچقايسىسىدىن
يېتىرقىمايتتى. شۇڭا بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر ئابدۇنىياز ئاكىسىدىنمۇ
تارتىنماي، ئۇدۇلىسىغا مۇئامىلە قىلىشىپ يۈرۈۋېرەتتى. كېيىنرەك ئۇنىڭدا
بالاغەت تۇيغۇسى يېتىلىپ، ئىككى كۆكسى روشەن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغاندىن
تارتىپ روھىي ھالىتىدە بىردىنلا ئۆزگىرىش پەيدا بولدى-دە، ئۆزىنى تەبىئىي
ھالدا ئۇيىلىش رامكىسىدا تۇتۇشقا باشلىدى. لېكىن، ئۇ قەلبىدە ئۇيىلىش
تۇيغۇسى بىلەن ئىنتىلىش ھېسسىياتى بىردەك ئورۇن ئالغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ
مۇھەببەت تەقدىرىنىڭ پالۋان ئاكىسىغا باغلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بېشارەت
بەرگۈچىلەر تىلىدىنمۇ سېزىپ قېلىۋاتاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قىز
ئاداشلىرى ئىچىدە ئابدۇنىيازغا ئىنتىلىش خاھىشى ئىپادىلەنگەن مەدھىيە
سۆزلەر قىلىنىپ قالسا، ئۇ دەرھال رەشىك قىلاتتى. بۇ ئالامەتلەر ئۇنىڭ
قەلبىدە مۇھەببەتنىڭ تۇنجى ئوت-ئۇچقۇنى يېنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ھەدەپ توي تەييارلىقى بىلەن
بولۇۋاتقانلىقىمۇ پاتىمەگە بەش قولدەك ئايان ئىدى.
بىراق ئابدۇنىيازنىڭ خيالىغا شۇ تاپتا پەقەت ئېگەرلىك ئاق بوز ئاتقا
ھېرىسمەنلىكتىن باشقا ھېچكىم، ھېچ نەرسە كىرمەيتتى. ئۇ ئاتنىڭ يېنىدىن بىر
قەدەم ۋە بىر دەقىقە نېرى بولمايتتى. ئۇنىڭ قەلبىدە قىزلارنىڭ ئىشقى ئەمەس،
ئاشۇ ئېگەرلىك ئاتنىڭ ئىشقى ياناتتى. ئۇ، مانا بۈگۈنمۇ ئاق بوز ئاتنىڭ
بېشىغا بوغۇز توۋرىسىنى كىيدۈرۈپ قويۇپ، نېرى تەرەپتىكى ياغاچ كۇرسىدا
ئاتقا قاراپ ئولتۇرغان پېتى چۈش بولۇپ كەتكەنلىكىنى سەزمەيلا قالدى.
—
ئاپام سىزگە ئاتاپ گۆشنان پىشۇرۇپتىكەن، شۇنى...
پاتىمە سۆزى بىلەن بىللە گۆشنان سېلىنغان ئاياقنى يىگىتكە ئۇزاتتى. چاي
تولدۇرۇلغان چۆگۈن بىلەن ھېجىر تاۋاقنى كۇرسا ئۈستىگە قويدى-دە، ئۆزى ئاق
بوز ئاتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئاتنىڭ يايلىسىنى يۇمشاق بارماقلىرى بىلەن
سىيلاشقا باشلىدى. ئات مايىللىقىنى بىلدۈرۈپ بوغۇزىنى كۆكشەپ جىم تۇراتتى.
ئابدۇنىياز پاتىمەگە قارىتىپ:
—
ئاتتىن يىراقراق تۇرۇڭ، ھېلى بىكار سىزنى تونۇماي ېپىپ قويمىسۇن...،–
دېدى.
—
ياق، ئىشەنمەيمەن، ئۆي ئىگىسىنى تونۇمايدىغان ئات بولمايدۇ.
پاتىمە بۇ جاۋابنىڭ قانداقچە ئېغىزىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزىمۇ سەزمەي
قالدى. ئۇ ئابدۇنىياز بىكارلاپ قويغان ھىجىر، چۆگۈنلەرنى يىغىشتۇرۇغان پېتى
ئۆيىگە قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى. ئۇ ئۆيىگە كىرگەندىمۇ توختىماي ۋىلىقلاپ
كۈلەتتى. ئۇ كۆڭلىدە «تازا بىر كەلتۈرۈۋالدىم» دەپ مەمنۇن بولغانىدى.
بىراق، ئۇنىڭ ئاران تەستە ئېرىشكەن كىچىككىنە ۋىسال كۈلكىسىنى ئۇزۇن ئۆتمەي
جۇدالىق بورىنى ئۇچۇرۇپ كەتتى.
2
ئابدۇنىياز ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا سەيدۇل بايۋەچچە ئارقىلىق ئابدۇخالىق
ئۇيغۇرنىڭ تۇرپاندىن ئەۋەتكەن بىر تەكلىپ قەغىزىنى تاپشۇرۇۋېلىپ يولغا
چىقىش خىيالىغا چۈشكەنىدى. ئۇنىڭچە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ لەۋزىگە خىيانەت
قىلىش جىنايەت ھېسابلىناتتى. ئۇ ئۆزىگە ھەمراھ ئىزدەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ
بىرىدە ئۇنىڭ چوڭ دادىسى مامۇت ھاجى ئۆيىگە قىچقارتتى ۋە بىر تەكلىپ سۆزىنى
ئوتتۇرىغا قويدى:
—
ئوغلۇم، قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا، مۇرتۇقلۇقلار ئىسيان كۆتۈرۈپتۇ. ئۇلار
بىزدىن ياردەمگە پىدائىي ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىۋېتىپتۇ. ئۆزۈم باراي دېسەم
ياشىنىپ قالدىم؛ ماۋۇ ئوغلۇم غوجا ئابدۇل، ئۆزۈڭ كۆرۈپ تۇرۇپسەن، تۇرقى
ئەنە شۇ، كارغا يارىماس روھىي كېسەل؛ سەنمۇ مېنىڭ ئوغلۇم، بۇ مەجبۇرىيەتكە
سېنىڭدەك تەن دۇرۇس، گاڭگۇڭ يىگىت يارايدۇ، قانداق دەيسەن؟
—
بارىكاللا، چوڭ ئاتا،
ـ
دېدى ئابدۇنىياز شۇئان قوشۇلۇپ،
ـ
پىدائىيلار تىزىمىغا مېنى پۈتۈپ قوي. مەن ئەتىگەنلىككە بىر ئاغىنەمنى
ھەمراھ قىلىپ يولغا چىقىمەن.
ئابدۇنىياز كامال بۈگۈن كەچ كىرگۈچە ئىنسى
ـ
جىنغا تۇيدۇرماي تەييارلىق خىزمىتىنى ئىشلىدى، ئۇ، ھەمراھلىققا ئاغىنىسى
ھىدايىنى تاللىۋالدى. مامۇت ھاجى ھىدايىغا بىر ئات ھەدىيە قىلدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھازىرلىقىنى پۈتتۈرۈپ، ۋاقىت تۈن نىسپىدىن ئاشقان
مەھەلدە ئاقتاش يولى بىلەن تۇرپانغا ئاتلىق مەخپىي يۈرۈپ كەتتى.
ئابدۇنىيازنىڭ بۇ دورەم يا ئاتىسى كامال بىلەن، يا بولغۇسى خوتۇنى پاتىمە
بىلەن خوشلاشماي يولغا چىقىشى بىر خىل رەھىمسىزلىك ئىدى، لېكىن، چوڭ دادىسى
مامۇت ھاجىنىڭ كۆرسەتمىسى ھەمدە پىدائىيلىق مەجبۇرىيىتىنىڭ مەخپىيەتلىكى
نەزەردە تۇتۇلغاندا، ئۇنىڭ بۇ نۇقسانىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىشقا
بولاتتى.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن بۇ قوچقار پالۋان ئۆزىنىڭ ھەمراھى
بىلەن بىللە ئەتىسى چۈشكەن يېقىن شائىرنىڭ ھۇزۇرىغا يېتىپ كەلدى.
شائىر بالىخانىلىق ھۇجرىسىدا يېگانە خىيال سۈرۈپ، ھۇجرا تېمىغا يېڭىلا خۇش
خەت بىلەن يېزىپ چاپلاپ قويغان ئىككى خىل مەزمۇندىكى نەزمىسىنى مۇلاھىزە
قىلىۋاتاتتى.
بۇ
نەزمىلەرنىڭ بىرىنچىسى مۇنداق ئىدى:
ماڭا
كەلگەن دەرد
ـ
ئەلەم كەلسە ئىدى تاغ باشىغا،
يانجىلىپ كەتكەن بولاتتى ساي ئېقىننىڭ تاشىغا.
ئىككىنچى نەزمىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
ئابدۇخالىق نەرە تارت، ئەنە قالقان، ئەنە ئات،
ئۇيقۇلۇق ئۆتكەن ھاياتىڭ ئەرگە نومۇس ھەم ئۇيات...
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۈچ بالىسى ئارقا
ـ
ئارقىدىن ئۆلۈپ بالىسىز قالغاننىڭ ئۈستىگە ۋاپادار ئايالى ئايىمخان
يېقىندىلا قازا تاپقانىدى. ئۇ ئاچقان بىر سىنىپلىق يېڭى مەكتەپنى جاھالەت
تەرەپدارلىرى بۇيرۇق بىلەن يېپىۋەتتى. ئۇ تېكىست يېزىپ تەرەپ
ـ
تەرەپكە تارقالغان
‹‹ئاچىل
ناخشىسى››
چەكلەش توغرىسىدا تۇرپان ئامبىلى ئېلان چىقارغانىدى. دېمەككى، شائىر
ئاشۇنداق روھىي بېسىمنى يەكۈنلەپ يۇقىرىقى بىرىنچى خىل نەزمىنى يېزىپ
ئۆزىگە تەسەللى بەرمەكتە ئىدى.
لېكىن، ئۇزۇنغا قالماي شەرقتە خانلىق ۋە ۋاڭلىق تۈزۈمنىڭ زۇلۇمىغا قارشى
قوزغالغان دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ يالقۇنتاغ يامزىلىغا يېتى كەلگەن خۇش
خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ھاياجىنىنى باسالماي قالغان شائىر يۇقىرىقى ئىككىنچى
نەزمىدە يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىگەنىدى.
—
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئابدۇخالىق ئاكا، مەكتۇپىڭىزگە بىنائەن دوستۇمنى
ئېلىپ ھۇزۇرىڭىزغا يېتىپ كەلدىم.
ئابدۇنىيازنىڭ شائىرنىڭ ھۇجرىسىغا ئۇشتۇمتۇت كىرىپ جاراڭلىق، مەردانە
ئاۋازدا سالام بېرىشى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى چۆچۈتۈۋەتتى. ئارقىدىنلا
مېھماننى ئېسىگە ئالدى-دە، خۇشاللىقىدا كەيپى ئېچىلىپ:
—
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بالا گېنېرال، خۇش كەلدىڭىز...،–
شائىر جاۋاب سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن مېھمانلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ
كۆرۈشتى ۋە ئۇلار بىلەن ئوچۇق-يورۇق سۆزلىشىشكە باشلىدى،–
ھېلىقى ئېگەرلىك ئاق بوز ئاتنى مىنىپ كەلگەنسىز؟
—
ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قانداقمۇ چىدايمەن دەيسىز؟...
—
ھېلىمۇ خېتىمنى ئالغان ھامان يولغا چىقىپ، ۋاقتىدا يېتىپ كەلگىنىڭلارغا كۆپ
رەھمەت.
—
ئۇنى بىر دەيسىز، ھەتتا بۈگۈن-ئەتە توي قىلىدىغان قىزىمغىمۇ قارىماي
يېنىڭىزغا كېلىۋاتىمەن. ئۇ ماي تارتىپ مېنى تاشلىۋەتسە قانداق قىلارمەنكى
تېخى...
ئىككىيلەننىڭ يۇمۇرلۇق دىئالوگى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، شائىر تولا كۈلۈپ
تېلىقىپ قالغىلى تاس-تاماس قالدى. ئۇنىڭ كۈلكىسى توختىغاندىن كېيىن،
پاراڭنىڭ داۋامنى قىسقارتىپ مېھمانلىرىغا:
—
بەس، ئۇزۇن يولدا ھېرىپ چارچىدىڭلار، ئاۋۋال تاماق يەۋېلىڭلار، ئاندىن
قانغۇدەك دەم ئېلىڭلار، ئاتلارمۇ دېمىنى ئېلىپ، ئوبدان بوغۇزلانسۇن. خۇدا
خالىسا بىز ئەتىگەنلىككە يولغا چىقىپ ئاستانىگە بارىمىز. كۆڭۈل
پاراڭلىرىمىزنىڭ ئايىغى دەل ئاشۇ يەردە داۋاملىشىدۇ،–
دېدى.
3
ئەتىسى ئۇلار تاڭ سەھەرلىكتە ئاستانىگە قاراپ يولغا چىقتى.
باش
كۈزنىڭ خۇش پۇراق مەنزىرىسى دىللارغا ھۇزۇر بېغىشلايتتى، يالقۇنتاغنىڭ
جەنۇبىي ئېتىكىنى بويلاپ قاتار كەتكەن رەڭدار بوستانلىقلار چەكسىز
سوزۇلغانىدى. قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بېرى بولغان ئېدىقۇت،
ئاستانە، بېزەكلىك يادىكارلىقلىرى مۇشۇ ئېسىل زېمىن قۇچىقىدا ياتاتتى.
ئۇلار باش كۈز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ مېڭىپ ئاستانە مەركىزىدىكى
مۇھىتىلار كۈرەسى ئالدىغا يېتىپ كەلگىنىنى سەزمەي قېلىشتى. ئابدۇخالىق
ئۇيغۇرنىڭ باشلامچىلىقىدا توقسۇنلۇق چەۋەندازلار كۈرە ئىچىگە كىرىپ چوڭ
ھويلىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئېگىز تامنى بويلاپ قاتار كەتكەن ياغاچ
ئوقۇرلارغا ئاتلىرىنى باغلاپ جايلاشتۇرۇپ قويدى، ئاندىن ئۇلار
ئۈستىۋاشلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ تاختايلىق پەلەمپەي ئارقىلىق بالىخانىلىق
مېھمانخانىغا چىقىشتى.
ياسىداق مېھمانخانا ئىچىدە مەخسۇت مۇھىتى ۋە مەھمۇت مۇھىتى ئاكا-ئۇكىلار
قانداقتۇر بىر جىددىيلىك ئىچىدە تەنھا پىكىرلىشىۋاتقانىدى. بۇ ئىككى ئاكا -
ئۇكا ھۆسن-چىراي ۋە بەدەن بەستى جەھەتتە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشىشىپ تۇراتتى.
ھەر ئىككىسى زور گەۋدىلىك، ئوتتۇرا ئەت، يوغان كۆز كەلگەن سالاپەتلىك
كىشىلەر ئىدى.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۇزۇندىن بۇيان مۇھىتلار بىلەن سىرداش دوستلاردىن
بولغاچقا، يېتىرقىماستىنلا مېھمانخانا ئىچىگە كىرىۋەردى، ئاكا-ئۇكا
ساھىبخانىلار شائىرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
شائىر ئاشۇ كۈنلەردە ئاستانە ۋەزىيىتىدە سادىر بولۇۋاتقان كەسكىن ھالەتنى
چۈشىنەتتى. شۇڭا ئۇ كېلىش مۇددىئاسىنى ئىخچام سۆز بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى:
—
ماۋۇ ئىككى كىشىنى مەن تەكلىپ قىلىپ توقسۇندىن تۈنۈگۈن قىچقارتىپ كەلدىم.
بۇلار ياراملىق يىگىتلەر، شۇڭا بۈگۈن بۇ يەرگە باشلاپ كېلىۋاتىمەن.
—
ناھايىتى ئوبدان بوپتۇ، قارشى ئالىمىز،–
دېدى مەھمۇت مۇھىتى. دېمىسىمۇ بۇ يىگىتلەرنى بىر مۇھىم ئىش كۈتۈپ تۇراتتى،
تۈنۈگۈندىن باشلاپ ھاۋانىڭ مىجەزى بوش، بىردەم ئېچىلىدۇ، بىردەم تۇتۇلىدۇ،–
بۇ ئىككى پىدائىي يىگىت سىرتتا بىردەم ئارام ئالغاچ ئارغىماقلىرىغا قاراپ
تۇرسۇنلا، بىز بىر ئازدىن كېيىن كۆرۈشەيلى.
ئابدۇنىياز بىلەن ھىدايى ئاشۇ بېشارەتكە ئاساسەن سىرتقا چىقىپ بۇيرۇق كۈتۈپ
تۇردى. بىراق، كۈرە ئەتراپىدا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ يۈرگەن دېھقان
ياشلىرىنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق جىددىيلىك ئالامەتلىرى سېزىلمەيتتى.
بىردەمدىن كېيىن بالىخانىدىكى سۆھبەت ئاخىرلىشىپ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
پىدائىي يىگىتلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ دېدى:
—
قاراڭلار، يىگىتلەر، ھازىر ئىش جىددىي، زالىملار قىلىچلىرىنى بىلەپ
تۇرۇۋېتىپتۇ. مەخسۇت مۇھىتى قۇمۇل ئىسيانچىلىرىنىڭ كاتتىۋېشى ئىسھاق تاغام
بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ماڭىدىغان بولدى. ئىككىڭلار مەھمۇت مۇھىتىنىڭ يېنىدا
قېلىپ ئارقا سەپ تەمىنات ئىشلىرىنى بېجىرىسىلەر، مەن ھازىر جىددىي ۋەزىپە
بىلەن تۇرپان شەھەر ئىچىگە قاراپ ماڭىدىغان بولدۇم. لېكىن، بۇ مەخپىيەتلىك،
ئېغىزىڭلاردىن چىقىپ كەتمىسۇن...
شۇنداق قىلىپ ئۇلار خوشلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇنىياز كامال بىلەن
ھىدايى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ يېنىدا قېلىپ قورال ئىسكىلاتلىرىنى ساقلاش،
پىدائىيلارنى تىزىملاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە
ئالدى.
كەچ
كۈزدە پۈتۈن تۇرپان ئويمانلىقىنى زىلزىلىگە سالغان قانلىق تراگېدىيە مۇرتۇق
يېنىدا يۈز بەردى. ئىككى يۈزدىن ئارتۇق توقسۇن خەلق پىدائىيلىرى پىچان
خەلقىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن مورتۇققا كەلگەندە، ئاق ئورۇسلارنىڭ ھۇجۇمىغا
ئۇچراپ ھەممىسى دېگۈدەك قازا تاپقانىدى. مەھمۇت مۇھىتى بۇ ئېچىنىشلىق
خەۋەرنى ئاڭلاپ ئابدۇنىياز كامال بىلەن ھىدايىنى مۇرتۇققا ئەۋەتتى ھەمدە
قازا تاپقانلارنى دەپنە قىلىش، مەجرۇھلارنى قۇتۇلدۇرۇش توقسۇنغا يەتكۈزۈش
قاتارلىق مۈشكۈل ئىشلارنى ئۇلارغا يۈكلىدى. بۇ ئىش پۈتۈن بىر قىش ئىشلەندى.
ياندۇرقى يىلى باش باھاردا مەخسۇت مۇھىتى «مۇرتۇق قىرغىنچىلىقى»دىن ئامان
قالغان ۋە يېڭىدىن سەپكە قوشۇلغان پىدائىيلارغا قوماندانلىق قىلىپ لۈكچۈنگە
قاراپ يۈرۈش قىلدى. پىدائىيلىرىنىڭ ئالدىدىكىلىرى يېقىلسا، كەينىدىكىلىرى
ئالغان ئىلگىرىلەپ باتۇرلۇق كۆرسىتەتتى. ئۇلار لۈكچۈن ئەتراپىدا ئىسھاق
تاغىنىڭ ياردەمگە كەلگەن پىدائىيلىرى بىلەن ئۇچراشتى ۋە شېڭ شىسەي
قىسىملىرىنى لۈڭچۈندىن سىقىپ چىقاردى. بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەي، شېڭ شىسەي
ياللىۋالغان باپىنگورت قوماندانلىقىدىكى ئاق ئورۇس قىسىملىرى بېسىپ كېلىپ،
بىرلەشمە پىدائىيلار قوشۇنىنى لۈكچۈن سېپىلى ئىچىگە قاپسىۋالدى. شىددەتلىك
جەڭدىن كېيىن مەخسۇت مۇھىتى قازا تاپتى. ئىسھاق تاغا بىر قىسىم
پىدائىيلىرى بىلەن بىللە مۇھاسىرە قامىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ تاغ ئىچى بىلەن
جىمسار تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.
ئابدۇنىياز كامال بىلەن ھىدايى يەنىلا مەجرۇھلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئىشى بىلەن
مەلىكە بولۇۋاتاتتى. مەجرۇھلار توشۇلغان ئەڭ ئاخىرقى توقسۇن ھارۋىلىرى
ئاقتاش ئۆستىڭى كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈۋاتقان چاغدا تۇرپان ئويمانلىقى قان دېڭىزى
ئىچىدە قالغانىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق مۇنەۋۋەر كىشىلەرنىڭ كۆز
ئالدىدا جاللاتلارنىڭ قىلىچ سايىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.، دەل مۇشۇ چاغدا شېڭ
شىسەي جىمسارغا يۈرۈپ كەتكەن خوجىنىيازغا سۈلھى سىرتماق سېلىش ھىيلىسىنى
بېجىرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يۈرۈپ كەتتى. تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ قالدى ئىشلىرى
ئاق ئورۇس گېنېرالى باپىنگورتنىڭ قولىغا قالدى. ئۇ، ئالدى بىلەن شائىر
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى قولغا ئالدى ۋە ئۆزى بىۋاسىتە سوراق قىلدى:
—
مۇرتۇق، لۈكچۈن ئۇرۇشلىرىغا پىدائىيلارنى ئەۋەتتىڭ؟–
دېدى شائىر جاۋابەن.
—
نېمە ئۈچۈن؟
—ۋىجدانىي
ۋە ئىنسانىي بۇرچۇم ئۈچۈن.
—شەھەر
ئىچىدە ئۆزۈڭ باش بولۇپ قۇرۇلغان مەخپىي تەشكىلاتىڭنىڭ ئىسمى نېمە؟
—«ھەقىقەت،
ئىجتىھاد ۋە مەرىپەت».
—مەقسىتىڭ
نېمە؟
—ئىنساندەك
ياشاش.
جاللات بافىڭگورت دەسلىپىدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى بىر ھەيۋە بىلەن ئالدىمدا
ئۆمىلىتىمەن، دەپ خام خىيال قىلغانىدى. ئەكسىچە، ئۇ لېۋىنى چىشلىگىنىچە
جىمىقىپ قالدى. بىراق، جاللات ھەقىقەتكە قەرزدار ئەمەس، پەقەت قانغا
بويالغان قولىدىكى قىلىچقىلا چوقۇنىدۇ. دېمەك، جاللاتلارنىڭ ھەقىقەت
چۈشەنچىسى ئەنە شۇنچىلىك.
شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق مەرىپەت چولپانلىرى قەتلى قىلىنغاندىن
كېيىن پۈتۈن تۇرپان ئويمانلىقى ئاسمىنىنى مۇسىبەت تۇمانلىرى قاپلىغانىدى.
يۈرەكلىرىدە ئىنتىقام ئوتى لاۋۇلدىغان مىڭلىغان ئەزىمەتلەر توقسۇنغا
توپلىنىپ پۇرسەت كۈتەتتى.
تۆتىنچى باب
تاللاش
1
مۇرتۇقتا قازا تاپقان ۋە ئېغىر جاراھەتلەنگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى ياش ۋە
ئوتتۇرا ياشلىق دېھقانلار ئىدى. قوچقار پالۋان يانچۇقىغا سېلىپ كەلگەن
خاسىيەتلىك «ئاق تاش» بىلەن مەجرۇھلارنىڭ ئاغرىقلىرىنى توختىتاتتى؛ قازا
تاپقانلىرىنى تىزىملاپ بولغاندىن كېيىن يەرلىك تەييارلاپ دەپنە قىلاتتى؛
جېنى بار، لېكىن ماڭالمايدىغانلىرىنى ھارۋىلارغا ياتقۇزۇپ ئۇدۇللۇق
توقسۇنغا ماڭغۇزاتتى.
ئەڭ
ئاخىرقى ھارۋىدا ئۆزى ئېلىپ ماڭغان، ئېغىر دەرىجىدە مەجرۇھ بولۇپ ئىككىلا
پۇتىدىن ئايرىلغان بىر ياشانغان دېھقان ئاغرىنىپ دېدى:
—
تارىخىي رىۋايەتلەردىن قارىغاندا، تەقدىرنىڭمۇ زېرىكىپ قالىدىغان چاغلىرى
بولارمىش؛ شۇ چاغدا، ئۇ ئىچى پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن پەلەك چاقىغا يەل
بېرىدىكەن-دە، ئاسمان غەزەپلىنىپ ئەرش مالائىكىلىرىگە يارلىق چۈشۈرىدىكەن.
شۇنىڭدىن كېيىن گۈلدۈرمامىلار قارسىلداپ، چاقماقلار چاسىلداپ، يانار تاغلار
پارتلاپ، بورانلار گۈرۈلدەپ، كەلكۈنلەر دولقۇنلاپ ئالەمنى مالەم
قىلىۋېتەرمىش. مۇرتۇقتا بۇ دورەم بىز تەقدىرنىڭ زېرىكىپ قالغان پەيتىگە دۇچ
كېلىپ قالغاندەك قىلىمىز.
يارىدار دېھقان ئۆز بېشىغا كەلگەن پالاكەتچىلىكنى تەقدىرنىڭ خاھىشىدىن دەپ
قاراپ كۆڭلىگە شۈكرى تەسەللى تاپماقچى بولاتتى. ئاشۇ دېھقاننىڭ تەسەۋۋۇرى
ئۇختىسىغا كېلىپ قالغاندەك، ئۇزۇن ئۆتمەي، غەربىي شىمال تەرەپتىن كەلگەن
قارا بوران دەرەخلەرنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ، يوغان-يوغان تاشلارنى ھەر
تەرەپكە ئۇچۇرۇپ، قۇم-توپىلارنى ئاسمان-پەلەك سورۇپ، يېڭىلا بىخ ئۇرۇپ
چىققان زىرائەت مايسىلىرىنى بەربات قىلىۋەتتى.
مانا
ئەمدى مۇرتۇق يېغىلىقىمۇ، بوران يېغىلىقىمۇ ئۆتۈپ كەتكىنىگە بىرنەچچە كۈن
بولدى.
قوچقار پالۋان ئۆز ھۇجرىسىدا يالغۇز قېلىپ تۈرلۈك خىياللار ئىلكىدە پىكىر
سۈرەتتى. ئۇ، مۇرتۇق پاجىئەسىدە قىرىپ تاشلانغان بىگۇناھ قۇربانلارنى ۋە
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قەتلى قىلىنىشىدەك ئېغىر مۇسىبەتنى ئاسانلىقچە
كۆڭلىدىن چىقىرىۋېتەلمەيتتى. ئۇنىڭ كاللىسىغا يەنە تۈرلۈك-تۈمەن گۇمانىي
سوئاللار تىقىلىۋېلىپ قەلبىنى ئازابلايتتى.
بىر
مەھەلدىن كېيىن مەرھۇم ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە يادىكار قىلغان ھېلىقى
قۇتلۇق سوۋغىسى
—
تىترات بىلەن قەلىمى ئۇنىڭ ئېسىگە كەلدى-دە، دەرھال ئۇلارنى ئاختۇرۇپ تېپىپ
كاللىسىغا كىرىۋالغان مەجھۇل سوئاللارنى تۆۋەندىكىدەك خاتىرىلەپ قويدى:
«بۇ
زامان ھۆكۈمرانلىرىنىڭ نېمىشقا پۇقرالارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى بىلەن كارى
بولمايدىغاندۇ؟ نېمىشقا جاھالەت دېۋىلىرىنى قوغداپ، مەرىپەت ئاشىقلىرىنى
دەپسەندە قىلىدىغاندۇ؟ نېمىشقا ھېلىقى ئاق ئورۇس دەيدىغان ئەجنەبىيلەر
زېمىنىمىزغا كېلىپ يەرلىك پۇقرالارنى قىرىشقا كۈچەپ كېتىدىغاندۇ؟..»
مۇشۇنداق چىگىش خىياللار ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى غىدىقلاپ، ئوغىسىنى
قاينىتىپ كۆڭلىگە ئارام بەرمەيتتى. ئۇ ئەمدى يىراق-يېقىنغا بېرىشنى قويۇپ،
ئاشۇ كىچىككىنە ھۇجرىسىغا بېكىنىۋېلىپ يۇقىرىقىدەك ئېچىتقۇ ھېسسىياتلار
بىلەن ئەمەك بولاتتى.
بىر
كۈنى ئاستانىدىن چېكىنىپ توقسۇندا ۋاقىتلىق چۈشكۈن بولۇپ تۇرۇۋاتقان
سەركەردە مەھمۇت مۇھىتىدىن ئۇنىڭغا بىر پارچە چاقىرىق خېتى كەلدى، ئۇ خەتنى
تاپشۇرۇۋالغان ھامان سەركەردىنىڭ ھۇزۇرىغا يېتىپ باردى. سەركەردىنىڭ بۇ
ۋاقىتلىق شىتابىدا ئۇنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن ئوتتۇرا بوي، ئوتتۇرا ياش
قۇرامىدىكى بىر كىشى پاراڭ سېلىپ ئولتۇرغانىدى.
قوچقار پالۋان سالام بەجا كەلتۈرۈپ بولۇپ ئىزىدا ئېھتىرام بىلەن تىك تۇردى،
سەركەردە ئۇنى ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلدى ۋە يېنىدا ئولتۇرۇپ پاراڭ
سېلىۋاتقان ھېلىقى كىشىگە بېشارەت بېرىپ:
—
خوش، تەقسىر، باقىنىياز ھاجىم، قېنى ئايىغىنى بىمالال سۆزلەۋەرسىلە. بۇ
كەلگەن يىگىت ئۆزىمىزنىڭ بالىسى. بۇ قېتىمقى مۇرتۇق يېغىلىقىدا بۇ يىگىت
كاتتا خىزمەت كۆرسەتتى. مەن ئۇنى دولانغا بىللە ئەكەتمەكچىمەن...،–
دېدى.
—
ئاكامنىڭ تەنتەكلىكىدىن بىئارام بولۇۋاتىمەن. ئۇ زادىلا گەپ يېمەس بولۇپ
كەتتى. ھازىر «ھاۋانى تۇمان باستى، ئاينى كۆرگىلى بولماس» دېگەن ناخشىدەك
ئىش بولۇۋاتىدۇ. ئاخىرىنى تەڭرىم ئۆزى بىلەر. بۇ زېمىن قانغا بويىلىدىغان
بولدى... خوش، گېپىم تۈگىدى، ۋەسسالام. جانابىي ئاللا قالغانلىرىمىزنى ئۆز
پاناھىدا ساقلىغاي، ئامىن...،–
دېدى.
سەركەردە باقىنىياز ھاجىنىڭ گېپىنى زەن قويۇپ ئاڭلايتتى. لېكىن ئۆزى لەۋزە
سۈرمەيتتى. پاراڭ ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، باقىنىياز ھاجىنى شتاب ئىشىكى
ئالدىغىچە ئۇزىتىپ قۇيۇپ قايتىپ كىرگەندىن كېيىن قوچقار پالۋانغا قارىتىپ:
—
دولان تەرەپكە سەپەر قىلىمىز، باشقا تاللاش يوق، سىزمۇ بىرگە...،–
دېدى.
2
شۇنداق قىلىپ سەركەردىنىڭ شىتابىدىن ئاشۇ بۇيرۇقنى ئاڭلاپ قايتىپ چىققان
قوچقار پالۋان ئۇدۇل ھۇجرىسىغا يېنىپ كەلدى
–
دە، ھۇجرا ئىشىكىنى ئىچىدىن ئىلىپ قۇيۇپ يېڭىدىن قوشۇلغان «تاللاش
خىياللىرى» ئۈستىدە ئۆزى بىلەن ئۆزى مۇڭدىشىپ كەتتى:
«دۇرۇس، چۈشەندىم، تۇرپان ئويمانلىقىنى تاشلاپ ياقا جايلارغا ھىجرەت
قىلىمىزكەن، بولدى مەن بۇ تاللاشقا قوشۇلىمەن، ئادەملەر ھەرخىل تەبىئەتلىك
بولىدۇ. بەزىلەر كۈرەش قىلىدۇ، بەزىلەر سۈكۈت قىلىدۇ، بەزىلەر ئاسىيلىق
قىلىدۇ. مەن ئۆزۈمنى ئاشۇ بىرىنچى خىلغا مەنسۇپ يارالغان دەپ ھېسابلايمەن.»
دېمەك، قوچقار پالۋان تاللاش مەسىلىسىدە ئارىسالدى بولماسلىق قارارىغا
كەلگەنىدى. ئۇ شۇ تاپتا ۋۇجۇدىدا بىر خىل يېنىكلىك ۋە جاسارەت پەيدا
بولغانلىقىنى ھېس قىلاتتى. ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا ھۇجرىسىدىن قورۇ ھويلىسىغا
چىقىپ ئېگەرلىك ئات بوز ئېتىنىڭ يېنىغا باردى. ئۇ، ئاتنىڭ يۈزىگە سۆيەتتى،
يايلىسىنى ۋە سېمىز ساغرىسىنى سىيلايتتى، تۇلپارنىڭ قۇلاق ۋە ماڭلايلىرىنى
بارماقلىرى بىلەن يۇمشاق تارايتتى. دۇلدۇل بولسا قۇيرۇقىنى ئوينىتىپ قوچقار
پالۋانغا منىننەتدارلىق بىلدۈرەتتى.
«ئاڭلاپ تۇرغىن، دۇلدۇلۇم،–
دېدى قوچقار پالۋان ئاتنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ،–
بىز ئىككىمىز يەنە سەپەرگە ئاتلىنىمىز؛ داۋانلار ئاشىمىز، گاھ ھۇ كېچىمىز،
گاھ ئوت كېچىمىز، سەن رىۋايەتلەردىكى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ دۇلدۇلى. مەن بۇ
رىۋايەتنى يۇلتۇز يايلىقىدا مەرھۇم شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇردىن ئاڭلىغان.
بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىمىز قىسمەتداش ھەم تەقدىرداش بولىمىز. بىر-بىرىمىزدىن
ئايرىلالمايدىغان ۋاپادار دوستلاردىن بولىمىز...
قوچقار پالۋان بىلەن ئاق بوز ئاتنىڭ سۆھبىتىگە ھىدايى ئۈلگۈرۈپ كەلدى-دە،
سۆز قىستۇرۇپ:
—مەن
ھازىر سېنىڭ ئاق بوز ئاتقا قىلغان پاراڭلىرىڭنى تولۇق ئاڭلىۋالدىم.
نېمىلەرنى دەپ يۈرىسەن، بىر يەردىن ساڭا بۇيرۇق كەلدىما، قېنى مەنمۇ سېنىڭ
جانجىگەر ئاغىنەڭغۇ، مەنمۇ ئاڭلاپ باقايچۇ؟–
دېدى.
قوچقار پالۋان ئاغىنىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە
كۈلكىسىنى توختىتىپ بولۇپ جاۋابەن:
—
توغرا ئېيتىسەن، سەن مېنىڭ جانجىگەر ئاغىنەم، مەن سەندىن سىر يوشۇرۇپ
باققان ئەمەس. مەن ھېلىراقتا سەركەردىنىڭ شىتابىغا بېرىپ كەلدىم ئۇ يېقىن
ئارىلىقتا ئالتە شەھەرگە يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى، بىزنىڭمۇ بىرگە
بېرىشىمىزنى ئۇقتۇردى. بۇ ئىشنى ساڭا كەچتىرەك ئاڭلىتاي دەپ تۇرغانتىم.
مانا ھازىر ئۆزۈڭ يېتىپ كېلىپ مېنىڭ يولۇمنى قىسقارتتىڭ. بۇ دورەمدىكى
سەپەردە ماڭا ھەمراھ بولمىساڭ كۆزۈم ئارقامدا قالىدۇ؛ سېنى ئارقىسىغا
تارتىشمايدۇ، دەپ ئىشىنىمەن. سېنىڭچە قانداق؟–
دېدى.
—مېنىڭمۇ
ئارقىغا تارتىشىدىغان ھېچنېمەم يوق، ئەمما سېنىڭ بارغۇ، ئۇنى قانداق قىلىش
كېرەك؟
ھىدايى ئاغىنىسىنىڭ دەل نازۇك يېرىدىن تۇتۇۋالغانىدى. ئابدۇنىيازنىڭ
يۈرىكىدە شۇ تاپتا بىردىنلا بىر ئىسسىق يوشۇرۇن ئېقىن ئىسيان كۆتۈرۈشكە
باشلىغانلىقى بەلگە بېرىپ تۇراتتى. ئۇ سۈكۈت ئازابىدا خىيال سۈرۈشكە
باشلىدى. دەقىقە ئۆتكەندىن كېيىن دوستى ھىدايىغا قەتئىيلىك بىلەن جاۋاب
بەردى:
—
بۇرادىرىم، زەن قويۇپ ئاڭلا، مەن مەرھۇم ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا ۋە
سەركەردىمىزگە بەرگەن ۋەدەمدىن يانمايمەن. ۋىجدان چاقىرىقىغا ئاسىيلىق
قىلالمايمەن. مانا بۇ مېنىڭ ئاخىرقى قارارىم.
ھىدايى بولسا دوستى قوچقار پالۋاننىڭ مىجەز خاراكتېرىنى ئېنىق بىلگەچكە،
ئىككىنچىلەپ بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشقا پېتىنالمىدى. ئارىدا يەنە بىرمەھەل
جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. ئۇلارنىڭ يېنىغا قاياقتىندۇر كامال قەرەن
ئاكىنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ
تاشلىدى.
كامال قەرەن ئەللىك ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان، پاكار، مىجەزى چۇس كىشى
ئىدى. ئۇ ئوغلىنىڭ ئۈن-تىن چىقارماي مۇرتۇق يېغىلىقىغا كېتىپ قالغىنىدىن
كايىپ يۈرەتتى. مانا ئەمدى لايىقى پاتىمەنى تاشلاپ دولان تەرەپكە كەتمەكچى
بولغىنىنى ئاڭلاپ ئەرۋاھى ئۆرلەپ، سەپراسى تاشماقتا ئىدى. «ئېگىزنىڭ
ئاچچىقى كەلگۈچە پاكارنىڭ جېنى چىقىپتۇ» دېگەندەك چۇس مىجەز بۇ ئادەم
ئۆزىگە ئەمدى ھاي بېرەلمەي قالدى. شۇڭا، ئۇ ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى
پەردىشەپنى بىر چەتكە قايتىپ قويدى-دە، توي توغرىسىدا ئېغىز ئېچىپ ئوغلىنى
چېكىپ كۆرمەكچى بولدى:
—
بىر ئىشنى سەمىڭگە سالاي دەۋاتىمەن، ئوغلۇم، ئاناڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئۇزۇن
يىللار بولدى. يېشىڭمۇ، بويۇڭمۇ ئۆسۈپ يۇرتنىڭ ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنۈپ
قالدىڭ! سېنى ئۆيلەپ قويۇش مېنىڭ گەدىنىمدىكى قەرز. بۇ قەرزنى ئادا
قىلىۋەتمىسەم ئاناڭ رەھمىتىگىمۇ يۈز كېلەلمەيمەن. ئەگەر ئاناڭ رەھمەتلىكنىڭ
روھىنى رازى قىلىمەن دېسەڭ، نىكاھ قەرزىنى بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن قالغان
ئىشلار تەقدىر پېشانەڭگە پۈتۈلگىنىچە بولسۇن. ئەگەر سەن يەنە گەدەنكەشلىك
قىلىپ تۇرۇۋالساڭ راستتىنلا بىزگە ھار كېلىدۇ. مەن ئۆزۈم سەركەردىنىڭ
ھۇزۇرىغا بېرىپ بۇ ئىشنى بىر ياقلىق قىلمىسام بولمايدۇ...
—
بولىدۇ، ئاتا،–
دېدى ئابدۇنىياز جاۋاب بېرىپ،–
سېنىڭ كۆڭلۈنى چۈشەندىم، ئاغىنەم ھىدايى ئارقىلىق بۈگۈن كەچكىچە ئېنىق
پىكرىمنى ساڭا يەتكۈزۈمەن. سەن خاتىرجەم ئۆز ئىشىڭنى قىلىۋەر...
كامال قەرەن ئۆز كۆڭلىدە بالامنى كۆندۈردۈم، دېگەن رازىمەنلىك ھېسسىياتى
بىلەن ئورنىدىن قوزغىلىپ، ئۆز ئىشىغا يۈرۈپ كەتتى.
3
كىچىك يەردە، ئادەملىرى سەگەك مەھەللىدە سىر ساقلاش قىيىن. دولان سەپىرى ۋە
توي پاراڭلىرى ھايت-ھۇيت دېگۈچە كوچا-كويلاردا «ئەڭ يېڭى خەۋەر» بولۇپ
تارقالدى ۋە قوچقار پالۋاننىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇپ قويدى. مۇشۇنداق ئەھۋال
ئاستىدا ھىدايى كەسكىن تەلەپپۇزدا سورىدى:
—
قانداق، ئويلاندىڭمۇ، ئاتاڭغا نېمىدەپ جاۋاب بەرسەك مۇۋاپىق بۇلار. بۈگۈن
گەپنى ئۈزۈۋەت، ئاداش...،–
دېدى.
كەسكىنمىجەزلىك قوچقار پالۋان تۈنۈگۈن بىر كېچە ئويلىنىپ بىر قارارغا
كەلگەنىدى. ئۇ، ئېنىق جاۋاب بېرىپ دېدى:
—
مەن ئەمدى بىر قارارغا كەلدىم. ئاتامنىڭ سۆزىنى رەت قىلسام، ئانام
رەھمەتلىكنىڭ روھى قورۇنىدىكەن. دولان سەپىرىنى رەت قىلسام، مەرھۇم
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ روھى قورۇنىدىكەن. ئاتامنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ باقسام،
توي قىلىپ نىكاھ قەرزى ئادا بولغاندىن كېيىن دولان سەپىرىمگىمۇ رازى
بولىدىغاندەك قىلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا ئىككىلا تەرەپ تەڭ رازى
بولىدىكەنمىز. بۇ ئىشنى مۇشۇ يوسۇندا قاملاشتۇرالىساق بەك ياخشى بولاتتى،
بۇرادەر.
ھىدايى دوستىنىڭ بۇ جاۋابىنى ئاڭلاپ ئىچ-ئىچىدىن سۆيۈنۈپ كەتتى ۋە
مەمنۇنلۇق بىلەن دېدى:
—
بارىكاللا، يارايسەن، دوستۇم، «ئاتا رازى، خۇدا رازى» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز
بىكار چىققان ئەمەس. مەن بۇ خۇش خەۋەرنى ھازىرلا كامال ئاكىغا يەتكۈزەي.
بىز بۇ توينى ھەشەمەت قىلماي، داۋراڭ سالماي ئاددىي ئۆتكۈزىمىز. توي
ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن ساڭا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، دولان سەپىرىدە مەن
سەن بىلەن بىرگە بولىمەن. ئوتقا كىرسەڭمۇ، سۇغا كىرسەڭمۇ سېنىڭدىن
ئايرىلمايمەن.
شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى ئوڭۇشلۇق ۋە كۆڭۈللۈك سۆھبەت قوچقار پالۋان بىلەن
پاتىمەنىڭ توي مەرىكىسىنى تېزلەتتى. ھىدايىنىڭ ئەلچىلىكى بىلەن ئىككى
ياشنىڭ تويى
—
باھار مەۋسۇمىنىڭ ئالتۇن قۇياشى چاقناپ تۇرغان، زېمىننى لالىزارلىق
قاپلىغان، بوستانلاردا باھار قۇشلىرى سايرىشىپ تۇرغان مەزگىلدە كۆڭۈللۈك
ئۆتتى.
بىراق، كۈنلەر، ھەپتىلەر ئۆتكەنسېرى دولان سەپىرى كېچىكىپ قوچقار پالۋان
تىت-تىت بولاتتى. ئۇ ئىچى پۇشسىلا ئېگەرلىك ئېتىنىڭ قېشىدىن نېرى
كەتمەيتتى. ئۇنىڭ پاتىمە بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتىدىن ئېگەرلىك ئات بىلەن
بىرگە بولغان ۋاقتى كۆپ بولغانسېرى پاتىمەنىڭمۇ قورسىقى كۆپەتتى. پاتىمەنىڭ
ئاتىسى ئابدۇللا رەئىس ئاشۇ زاماننىڭ ئوقۇمۇشلۇق كىشىلىرىدىن بولۇپ، ئەينى
چاغدىكى ئېقىم مەسىلىلىرىنى كۈيئوغلىدىن پىششىقراق بىلەتتى. شۇڭا ئۇ،
كۈيئوغلىنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ جەنۇبقا كېتىشكە قوشۇلمايلا قالماستىن، بەلكى
ئۇنى بىھۇدە قاراملىق ۋە تەۋەككۈلچىلىك دەپ قارايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ
كۆزقارىشىنى تويدىن كېيىن ئۆز ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن «چىللاق چېيى» پۇرسىتىدىن
پايدىلىنىپ دارىتىپ ئۆتتى:
—
ئىسھاق تاغاممۇ، ئۇچۇپ قويۇپ چۈشەر يېرىنى بىلەلمىگەن قارىتۈرۈك ئادەمكەن.
ئاۋۋال ما جەمەتىنىڭ قىسىملىرىنى باشلاپ چىقىپ دوست بولۇپ شېڭ جەمەتىگە
قارشى چىقتى. ئەمدى بولغاندا شېڭ جەمەتى بىلەن ئاياق-چاپاق بولۇپ، ما
جەمەتىگە قارشى سوقۇشۇۋاتىدۇ. بۇ بىر يامان ئاقىۋەتتىن بېشارەت بېرىدۇ.
ئايىغىغا كەلگەندە بۇ قانلىق پاجىئەدىن ھېچكىممۇ ساق قالالماسلىقى مۇمكىن،
دەپ ئەندىشە قىلىمەن. ئالدى-كەينىنى ئويلىمايدىغان قارام ئادەملەر ئاخىر
بېرىپ «باتۇر ئوق يەر، بالىلىرى پوق يەر» دەيدىغان ئاقىۋەتكە قېلىشى
مۇمكىن.
ئابدۇللا رەئىس ئارقىدىن سۆز تىزگىنىنى تارتىپ، مېھمانلىرىنى مەزەگە تەكلىپ
قىلاتتى. ئۇ بار سورۇندا ھەممە كىشى ئۇنىڭ ئېغىزىغا قارايتتى. ئۇنىڭ
«رەئىس» ناملىق تەخەللۇسىمۇ «سورۇن باشقۇرغۇچى سۆزمەن كىشى» دېگەن مەنىنى
بىلدۈرەتتى. ئۇنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى يۇقىرىقى تەھلىلى ئەينى زامان
رېئاللىقىنىڭ ئىنكاسى بولغاندىن سىرت، ھەممىدىن مۇھىمى كۈيئوغلى قوچقار
پالۋاننى جەنۇب سەپىرىدىن يالتايتىپ، ماڭغۇزماسلىقنى مەقسەت قىلاتتى. ئۇ،
قىزى پاتىمەنىڭ تۇل بولۇپ قېلىشىنى خالىمايتتى.
«چىللاق چاي» ئاياغلىشىپ ھۇجرىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قوچقار پالۋان
ئۆز-ئۆزىگە غۇدۇراپ، ئىچىدە بىر نېمىلەرنى دەپ ئۇزۇنغىچە بىئارام بولۇپ
كەتتى.
«دېمەك، بۇ توي
—
ماڭا قۇرۇلغان قاپقان، ماڭا تاشلانغان سىم تۇر ئىكەن-دە» دەيتتى ئۇ ئىچىدە
ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەپ.
بۇ
گادىرماچ خىياللار بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكى ئازابلانغانسېرى پاتىمەدىنمۇ كۆڭلى
سوۋۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئات مەستانىلىكى كۈچىيىپ پاتىمەگە چىراي
ئاچمايدىغان، ھەتتا تەلەتىگە قارىمايدىغان بولۇۋالدى.
پاتىمە نومۇستىن خورلانغانسېرى ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق ھېس قىلاتتى.
لېكىن، ئۇ چىداملىق ۋە جۈرئەتلىك قىز ئىدى. بىر كۈنى، ئۇ غەيرەتكە كېلىپ
كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يېشىۋېلىش ئۈچۈن ئېرىگە يۈرەك سۆزىنى ئوچۇق دېدى:
—
سىز خەيناخا ئاتامنىڭ چىللاق چېيى ئۈستىدە قىلغان سۆزىدىن ئاغرىنىپ
يۈرۈۋاتىسىز. ئۇ، سىزگە قارىتىلغان سۆز ئەمەس. سورۇندىكى ھەممىلا كىشى
ئاڭلاشقا تېگىشلىك سۆز. بۇ ھەتتا تويىمىز بولۇشتىن بۇرۇنمۇ ھەمىشە بولۇنۇپ
كېلىنگەن سۆز. مۇشۇ كۈنلەردە جاھاندا بولۇۋاتقان ئىشلار ئۈستىدە كىممۇ
سۆزلىمەي تۇرالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشلار ئەتراپىمىزدىلا يۈز بېرىپ
تۇرۇۋاتمامدۇ؟ مۇرتۇق قىرغىنچىلىقى ھەممىلا كىشىنى چۆچۈتۈۋەتتى. دېمىسىمۇ
ھازىر ئوۋ مەرگىنىدىن ئەقىل مەرگىنى ئۇتۇپ چىقتى. ئوۋ مەرگىنى ھازىر ئەقىل
مەرگىنى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بىلەن ئۇرۇش
باشلىدى. بۇ پاجىئەلىك ئاقىۋەتنى ھازىر ھەممە ئادەم ھېس قىلىۋاتىدۇ. لېكىن،
ئىككىمىزنىڭ تويى سىزنىڭ دولان سەپىرىڭىزگە پۇتلىكاشاڭ بولمايدۇ، سىز
كىتىۋېرىڭ، مەن كۈتۈپ تۇرىۋېرىمەن.
پاتىمە ئىچكى ھېسسىياتىنى تۈگۈپ مۇشۇ يەرگە يەتكەندە، ھېلىغىچە
مەنسىتمەسلىككە سېلىپ، بېشىنى چۈمكەپ يېتىۋالغان يىگىت تەسىرلەنگىنىدىن
ئاستا سوزۇلۇپ ئورنىدىن تۇردى-دە، بىردىنلا خوتۇنىغا چىراي ئېچىپ ئۇنىڭ
سۆزىنى داۋاملىق ئاڭلاشقا قىزىقتى ۋە:
—
قېنى داۋاملاشتۇرۇڭ، قۇلىقىم سىزدە...،–
دېدى.
—
بولىدۇ، سىز «خۇي قىلمىسىڭىز، ماي تارتىپ تەتۈر قارىۋالمىسىڭىز، بىزنىمۇ
ئەقلى-ھوشى باردۇر» دەپ چاغلىسىڭىز مەن سۆزلەۋېرىمەن،–
دېدى پاتىمە ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،–
بىز ئەسلىدە بىر-بىرىمىزگە كۆيۈمچان تۇغقانلاردىن ئىدۇق، ھازىر نىكاھ نېسىپ
بولۇپ ئەر-خوتۇن بولۇشتۇق. كۆيۈمچان تۇغقان، تەقدىرداش ئەر-خوتۇن سىر
يوشۇرۇشسا بولمايدۇ-دە، مەن ھېلى دېگەن گېپىمنى قايتا تەكرارلاپ
ئولتۇرمايمەن. سىز تەرسالىق قىلماي سۆزۈمنى ئوبدانراق ھەزىم قىلىپ كۆرۈڭ.
قالدى گەپنى باشقا بىر كۈنى يەنە سۆزلىشەيلى.
4
قوچقار پالۋان بۈگۈنمۇ ئادىتى بويىچە ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئاق بوز
ئېتىغا بوغۇز بېرىش بىلەن بەند ئىدى. ئۇنىڭ ئوچۇق پاكىز تازىلانغان قوناق
بوغۇزىنى ئۆلچەم بىلەن تورغۇت توۋرىسىغا سېلىپ ئاتنى بوغۇزلاندۇرۇش، ئاتنىڭ
قۇيرۇق مويلىرىنى تاراپ تۇرۇش ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى. ئۇ، بۇ ئىشىدىن
مەست بولۇپ كۆپ ھاللاردا تاماق يېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتى. ئۇ بۈگۈنمۇ
ناشتىسىنى ئۇنتۇپ، يەنىلا ئاتنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇراتتى. شۇ چاغدا ھىدايى
پەيدا بولدى-دە، ئۇنىڭ يېنىغا يېقىنلاپ كېلىپ سورىدى:
—
ناشتا قىلدىڭمۇ؟
—
پاتىمە ئۆيدە بولمىسا.
ئۇنىڭ بۇ جاۋابى ھىدايىغا غەلىتە ئاڭلاندى.
—
نېمە دېدىڭا، يەنە بىر دېگىنە؟–
سورىدى ھىدايى.
قوچقار پالۋان دوستىغا قېيناتىسى ۋە پاتىمەنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى سۆز
پاراڭلىرىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ھىدايى جاۋابەن:
—
بوپتۇلا، «سۆزنىڭ سۆڭىكى يوق» دەيدىغان تەمسىل بار. بۇ گەپلەر مەشەدە قېلىپ
تۇرسۇن، بىز ئاۋۋال ناشتا قىلىۋالايلى. ئاندىن ئاقتاشقا بېرىپ ئۇستازىمىز
موللا زاكىر خەلپىتىمدىن ھال سوراپ كېلەيلى. ئىچىمىز يورۇپ قالسا ئەجەب
ئەمەس، سەنچە قانداق؟–
دېدى ئۇنىڭغا مەسلىھەت بېرىپ.
قوچقار پالۋان ماقۇل بولدى. ئىككىيلەن قورۇدىن چىقىپ، ئۇدۇل موللا زاكىرنىڭ
قورۇسىغا كىردى.
موللا زاكىر خەلپىتىم قورۇسى ئىچىدە كەڭ كەتكەن تەك باراڭلىقى ئاستىدىكى
سۇپا ئۈستىگە سېلىنغان تەڭلىماتتا باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان پېتى قىزىل كۆن
مۇقاۋىلىق بىر چوڭ كىتابتىن كۆزىنى ئۈزەلمەي، كىتاب ئىچىگە چوڭقۇر چۆكۈپ
كەتكەنىدى. ئۇ ئاشۇ كۈنلەردە ئەمدىلا ئەللىك ياشلار قارىسىنى ئالغان،
ئوتتۇرا بوي، ئاق يۈز، بېشىغا قىش-ياز نېپىز سەرپۇش، ئۇچىسىغا تىزىنى سەل
بېسىپ چۈشىدىغان ئاق يەتكەك كىيىپ يۈرىدىغان خۇش پېئىل ۋە ئاقتاش مەھەللىسى
بويىچە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى ئىدى.
ئابدۇنىياز كامال بىلەن ھىدايى ئۇستازغا ھۆرمەت سالىمىنى بەجا كەلتۈرگەندىن
كېيىن موللا زاكىر خەلپىتىم دەرھال كىتابتىن كۆزىنى ئۈزۈپ ئورنىدىن
تۇردى-دە، شاگىرتلىرى بىلەن تىنچلىق سورىشىپ ئۇلارنى سۇپا ئۈستىگە تەكلىپ
قىلدى.
ئۇلار ئۆزئارا ھاۋارايى ۋە مەئىشەت سەۋدايى توغرىسىدا مۇڭداشقاندىن كېيىن
موللا زاكىر سۆھبەت تېمىسىنى يۆتكەپ ئابدۇنىياز كامالدىن سورىدى:
—
كىچىكىڭىزدە مەكتىپىمىز قورۇسىدا بالىلارغا يادقا ئوقۇپ بېرىدىغان «كۈللى
نەۋايى» نەزمىلىرى ھېلىھەم ئېسىڭىزدىمۇ؟
—
ئەلۋەتتە ئېسىمدە،–
دېدى ئابدۇنىياز،–
ئۇستازىمىزنىڭ تەلىمى قەلبىمىزگە مۆھۈر باسقاندەك مەھكەم ئورناشقان.
مۇبارەك لەۋزىلىرىگە بىنائەن پېقىر شاگىرتلىرى «كۈللى نەۋايى»دىن تۆۋەندىكى
نەزمىنى يادقا ئوقۇيمەن:
پېقىر ئەھلىگە پادىشاھ موھتاج،
ئەيلەر كىم شاھقا گادا موھتاج.
يارغا بىلگەچ ئېھتىياجىمنى،
كىمىسىگە بىلمىدىم يەنە موھتاج.
......
—
بەللى، بەللى،–
دېدى زاكىر موللا نەزمىدىن تولىمۇ ھۇزۇرلىنىپ،–
بۇ شېئىردىكى ھېكمەت تولىمۇ چوڭقۇر مەنىلىك، پۇقرا بىلەن ھاكىمىيەت
ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئاجايىپ بىر دانالىق بىلەن يېشىپ بەرگەن.
ئابدۇنىياز كامال ئۇستازىنىڭ يەشمىسىنى زەن قويۇپ ئاڭلاپ زاكىر موللامدىن
كۆزىنى ئۈزمەيتتى.
موللا زاكىر ئۇستاز شەرھى باياننى داۋاملاشتۇردى:
—
پۇقرا مەڭگۈلۈك دائىرىدە، ھاكىمىيەت نىسپىي دائىرىدە ئايلىنىدۇ. ئالدىنقىسى
كۈللى ئۇقۇم، كېيىنكىسى جۈزئىي ئۇقۇ. كۈللى ئىختىيار پۇقرا قولىدا، جۈزئىي
ئىختىيار دەۋران قولىدا، دەۋران
—
يۆتكىلىپ تۇرغۇچى، پۇقرا
—
باقىي مۇتلەق خوجايىنى. قەلەم تۇتقان، ئەلەم تۇتقان ھۆكۈمدارلار نەپرەت
جازاسىدىن ئۆزىنى ساقلايمەن دېسە، يۇقىرىدىكى ئەقىل تارازىسىنى ھەرىكەت
ئۆلچىمى قىلسا بولىدۇ. بايىقى نەزمىنىڭ ھەقىقىي تەبىر ئەنە شۇ.
ئىلمىي سۆھبەت قىزىپ باراتتى. پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى قىستاپ قالغاچقا،
ئۇلار ئايرىلىشقا كۆزلىرى قىيىشماي مىڭ تەستە ۋىدالاشتى.
ئابدۇنىياز بىلەن ھىدايى داموللام يېنىدىن ئەمدىلا ئايرىلىپ كوچا بېشىغا
بېرىشىغا تەڭ، توقسۇن بازىرىغا كۆچۈپ كېلىپ ئۇيغۇرلىشىپ قالغان ۋاڭ نىياز
ئىسىملىك يىگىت بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۈچەيلەن بىرلىكتە
رەستىدىكى بىر ئاشخانىدا ئوزۇقلانغاندىن كېيىن مۇڭداشقىلى ئۆستەڭ بويىچە
قاراپ ماڭدى. ئۇلار ئۆستەڭ بويىدىكى خالىيراق بىر دەرەخنىڭ تۈۋىگە بېرىپ
ئولتۇرۇشتى-دە، ئېچىلىپ-يېيىلىپ پاراڭغا چۈشتى.
ۋاڭ
نىياز ئەسلى بەشبالىق (جىمسار) غا كېلىپ تۇرۇپ قالغان كۆچمەن تىجارەتچىنىڭ
ئوغلى بولۇپ، ئاتىسى جىن شۇرېن چېرىكلىرى تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ
ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. يېتىم قالغان ۋاڭ نىياز توقسۇنغا قېچىپ كېلىپ مەدىكارلىق
بىلەن جان باققان. مۇشۇ جەرياندا ئابدۇنىياز كامال بىلەن تونۇشۇپ،
ئىسمىنىمۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرۇپ ۋاڭ نىياز قىلىۋالغانىدى.
—
قېنى سۆزلە، بۇرادەر، ئۇ يەرلەردە نېمە گەپ بار؟
ۋاڭ
نىيازنىڭ يېقىندىلا بەشبالىققا بېرىپ يېڭىلا كېلىپ تۇرۇشى ئىدى. ۋەزىيەت
ئۆزگىرىشىگە تەقەززا بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئابدۇنىياز كامال ئۇچۇر ئىگىلەش
غەرىزىدە ئۇنىڭدىن سورىدى.
—
نېمە گەپ بولاتتى،–
دەپ سىر تۆكۈشكە باشلىدى ۋاڭ نىياز،–
زامان تەتۈر چۆرگىلەۋاتىدۇ، پەلەك ئويۇن ئويناۋاتىدۇ، بەشبالىقتا نەگىلا
بارساڭ شۇ گەپ. لۇكچۇندىن قېچىپ بەشبالىق بارغان ئىسھاق تاغام
—
ئۆزى تەكلىپ قىلىپ ئاچىققان ما جەمەتى قىسىملىرى بىلەن بۇزۇلۇشۇپ شېڭ
جەمەتىنىڭ قارمىقىغا ئىلىنىپ بوپتۇ. ماڭا ئۇچرىغانلىكى ئادەملەرنىڭ
ئېغىزىدا شۇلا گەپ. ئۇ يەردە بىر مەخپىي قىمار ئوينىلىپتۇدەك، قالغىنى
تەڭرىگە ئامانەت.
ئابدۇنىياز كامال شۇ تاپتا بۇرادىرىنىڭ تىلىدىن ئاڭلىنىۋاتقان ئۇچۇرنىڭ
قېيناتىسى ئابدۇللا رەئىسىنىڭ دېگەنلىرى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش
چىقىۋاتقانلىقىدىن ھەيران قېلىۋاتاتتى.
—
ئۇنداقتا، بىز ئەمدى قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟–
دېدى ھىدايى سوئال قويۇپ.
بۇ
سوئال ئۇزۇنغىچە جاۋابسىز قالدى. ھەممەيلەن سۈكۈت ئىچىدە يەنە جىم
ئولتۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا ھېسسىيات قىزغىنلىقى ئەمەس،
ئەقىل-ئىدراك مۇھاكىمىسى غۇلغۇلا قوزغىماقتا ئىدى.
—
بىزگە ھەممە ئىش ئايدىڭ بولدى، ئاغىنىلەر. ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى كېيىن
كۆرەرمىز. مېنىڭ يۈرىكىمدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا بەرگەن ۋىجدانىي قەسەم
ئىسيان قوزغاپ كېلىۋاتىدۇ. بىز بىرەر مىللەتكە قارشى تۇرمايمىز، بىز پەقەت
چىرىگەن ئەمەلدارلار قاتلىمىغا قارشى تۇرىمىز، ئېزىلگەن كەمبەغەل
دېھقانلارنىڭ كۆز يېشى ئۈچۈن جان پىدا قىلىمىز، بىز دولان تەرەپكە، جەنۇبقا
بارايلى، يا سايرامدىن چىقارمىز، يا قاينامدىن...
قوچقار پالۋاننىڭ بۇ تەكلىپ پىكرىگە ھىدايى بۇرۇنلا قوشۇلغانىدى. ۋاڭ نىياز
ئۈچۈن بۇ سۆزلەر يېڭىلىق ۋە تاسادىپىيلىق بىلەن تۇيۇلدى. لېكىن، ئۇنىڭ
كەينىگە تارتىشىدىغان بۇ يەردە ھېچ نەرسىسى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ
قوچقار پالۋاننىڭ لەۋزىنى ھەرقانداق ئەھۋالدا يىرمايتتى.
—
بولىدۇ، مەنمۇ سەن باشلىغان كېچىككىنە كىرىمەن،–
دېدى ۋاڭ نىياز جاۋابەن،–
«توپتىن ئايرىلغاننى بۆرە يەر» دېگەن گەپ بار. مەن سىلەردىن ئايرىلمايمەن.
ئاقتاشتا مۇنداق بىر تەمسىل بار: «ۋاڭ نىياز چامباش، ھىدايى يوغان باش،
ئابدۇنىياز تۇمار تاش، ئۇلار ئىكەن چىن ئاداش...».
ۋاڭ
نىيازنىڭ يۈرەك سۆزى بىلەن قوشۇپ ئېيتقان بۇ چاقچىقى ھەممەيلەننى
كۈلدۈرۈۋەتتى. ۋاڭ نىياز توقسۇن شېۋىسىدە سۆزلەشكە، ھەزىل چاقچاقلارغا
ماھىر ئىدى. ئۇ، سۆھبەت كەيپىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يەنە چاقچاق باشلاپ دېدى:
—
دوستۇم قوچقار پالۋان، مېنىڭ بۇ سەپكە قاتنىشىشىمنىڭ ساڭا ئىككى چوڭ
خاسىيىتى بار. بىرىنچى، جەنۇبتا بۇلۇڭ تۈگەپ كېتىپ قېلىپ، ئامباللارنىڭ
يېنىغا كىرىپ پۇل تەلەپ قىلساڭ، مەن ساڭا تىلماچ بولۇپ بېرىمەن. ئىككىنچى،
سېپىڭدە مەن بولغىنىم ئۈچۈن شېڭ جەمەتى سېنى ھەرگىزمۇ پالانچى، پوكۇنچى دەپ
ئەيىبلىيەلمەيدۇ. قانداق، مېنىڭدىكى خاسىيەت بوينۇڭدىكى تاش تۇماردىن
قېلىشمايدۇ دېگىنە.
ۋاڭ
نىيازنىڭ بۇ ئەپچىل چاقچىقىدىن چىققان كۈلكە ساداسى ئاقتاش ئۆستەڭ بويىنى
زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى.
بەشىنچى باب
ھىجران ناخشىلىرى
ھىجران
—
سۆيگۈنىڭ سىناق ئۆتكىلى.
—
نەۋائىي
1
شۇنداق قىلىپ ھىجران سەپىرى يېقىنلاشماقتا ئىدى.
قوچقار پالۋان ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى سەپەر ئارغىماقلىرىنى تاقىلاتتى، ياراغ ۋە
ئوزۇق-تۈلۈكلىرىنى تەق قىلىشتى. ئاقتاشتا بۇ سىرنى ھېچكىممۇ سېزەلمىگەنىدى.
لېكىن بۇ سىرنى قوچقار پالۋاننىڭ خوتۇنى
—
چېچەن پاتىمە ئاللىقاچان سېزىۋالغانىدى. بىراق، ئۇ، ئېرى تاللىغان يولغا
ئاخىر قايىل بولدى.
ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرى، شەنبە كېچىسى، تۈن نىسپى بولغان چاغ؛ ھاۋا سالقىن،
ھەممە ياق جىمجىت؛ ئۈكەر يۇلتۇزى ئېۋىرغول تاغلىرى تەرىپىگە پەسەيگەن
ئەسنادا ئۈچ چەۋەنداز ئارغىماقلىرىغا مىنىشتى-دە، ئارغىبۇلاق داۋىنىغا
قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. پاتىمە يۈرەك سۆزىنى ئىزھار قىلغان بىر پارچە
خەتنى ۋە بىر كىچىك خالتا توقاچنى ئۆز قولى بىلەن ئېرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن
پېتى كۆز يېشى قىلىپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتكەنىدى. ئۇلار توي قىلىپ ئارانلا
بىر-ئىككى ھەپتە بىللە ئۆتكەن. مانا ئەمدى ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ھىجران
قىسمەتلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسى باشلاندى.
قوچقار پالۋان مىنىپ ماڭغان قۇش باش ئېگەرلىك يۇلتۇز دۇلدۇلىنىڭ يول
باشلىشى بىلەن ئۈچۈن يىگىت ئارغىبۇلاق تاغ داۋىنىغا ياماشقاندا تاڭ
يورۇغانىدى. كۈن تاغلارنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ ئەتراپنى گۇگۇم پۈركىگەندە،
كۈمۈشنىڭ ئۇزۇن ساي يولىنى كەينىدە قالدۇرۇپ ئۇششاقتالغا يېقىنلاپ باردى.
ئارغىماقلارنىڭ قۇلاق-بويۇنلىرىدىن تەر تامچىلىرى توختىماي چىپىلداپ ئېقىپ
تۇراتتى. مەخپىيەتلىك شەرت بولغاچقا يول ئۈستىدە كېچىسى سۆزلىشىش مەنئى
قىلىنغانىدى. ئىككىنچى كۈنى ناشتىدا ھىدايى ئېغىز ئېچىپ دېدى:
—
قولىمىزدا ياراغ بارغۇ، نېمىدىن قورقاتتۇق، ئاستىراق ماڭساقمىكىن دەيمەن.
—
خەپشۈك،–
دېدى قوچقار پالۋان دوستى ھىدايىغا ئىشارەت قىلىپ،–
بىزگە يەنىلا جىم-جىم سەپەر پايدىلىق.
ئۇلار شۇ چاغ ھۆكۈمىتى ۋە يەنە تاسادىپىي بولۇپ قالىدىغان كېلىشمەسلىكلەرنى
ئويلاپ سەپەرنى ئاساسەن كېچىدە داۋام قىلغانىدى. بۇنداق بولغاندا
ئاتلارغىمۇ، ئۆزلىرىگىمۇ چاڭقاش ھەم چارچاشتىن كېلىدىغان ھاردۇق ئازراق
بولاتتى. شۇنداق قىلىپ سەپەرنىڭ تۆتىنچى كۈنى سەپەردە ئۇلار ئۇششاقتالغا
كېلىپ چۈشتى. ئاتلارنى سوۋۇتۇپ بوغۇز بەردى، ئۆزلىرىمۇ ھاردۇق ئالغاچ
ئوزۇقلىنىشتى. ئارىلىقتا ھىدايى ئابدۇنىيازغا مەسلىھەت قىلىپ دېدى:
—
توقسۇندىن چىققىلىمۇ بۈگۈن تۆت كۈن بوپتۇ. بىزنى مارايدىغان تاك-تاكچىلارمۇ
نەلەردە قالغاندۇر، ئەمدى سەل ئاستىراق ماڭساقمىكىن دەيمەن. بولسا مەھەللە
ئىچى بىلەن ماڭساق:
—
سەركەردىمىز بىزنى بۈگۈردە كۈتۈپ تۇرماقچى،–
دېدى قوچقار پالۋان بايا دوستى ھىدايىنىڭ قويغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ،–
شۇڭا تېزرەك مېڭىپ مەھەللە-ئۆتەڭلەردىن ئەگىپ ئۆتۈپ بالدۇرراق بۈگۈردە
ھازىر بولۇشىمىز كېرەك.
ھىدايى بۇ جاۋابقا قايىل بولدى-دە، قايتا زۇۋان سۈرمىدى.
ئارقىدىن ۋاڭ نىياز سۆز قىستۇرۇپ چاقچاق باشلىدى:
—
پاتىمە يوللۇق تۇتقان نان-توقاچ خالتىسىنى ئەجەب ئېچىپ باقمايسەنغۇ،
ئۇنىڭمۇ مەخپىيەتلىكى بارمىدى-يە؟
—
ياق، ياق، بولىدۇ، ئېچىپ كۆرەيلى، ئېسىمگە كەلمىگىنىنى قارىمامدىغان.
قوچقار پالۋان بۆز خۇرجۇن ئىچىدىن مەھبۇبەسىنىڭ يوللۇق خالىتىسىنى چىقىرىپ
دوستلىرى ئالدىدا ئاچتى. خالتىغا سېلىنغىنى بىرقانچە توقاچ نان، ئاددىي گۈل
چېكىلگەن بىر دانە ئاق شاپاق دوپپا قاتارلىق سوۋغاتلار ئىدى. ئۇلار
پاتىمەنىڭ يوللۇق نان-توقاچلىرىنى زوقلىنىپ يېيىشكە باشلىدى. قوچقار پالۋان
يانچۇقىدىن بىر پارچە خەتنى چىقىرىپ ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئاۋۋالقى
پېتىدە قاتلاپ يانچۇقىغا سالماقچى بولۇپ تۇرغاندا، ھىدايى سۆز قىستۇرۇپ
دېدى:
—
خەتتە نېمە دەپتۇ، ئۈنلۈك ئوقۇپ باقمامسەن، ئاڭلاپ باقمايلىمۇ؟
قوچقار پالۋان پىسىڭڭىدە بىر كۈلۈۋېتىپ، ئارقىدىن جاۋابەن دېدى:
—
ئىشقى-مۇھەببەت خېتىدە نېمە يېزىلاتتى دەيسەن، دوستۇم. يەنىلا شۇ ھىجران
ناخشىسى. بولدىلا، ئايىغىنى يولدا كېتىۋېتىپ دېيىشەيلى.
ئۇلار چاتقاللىق ئارىسىدا ئاتلارنى دەم ئالدۇردى. ئۆزلىرىمۇ ئۇخلىۋالدى.
كەچ كىرىۋاتاتتى.
ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ بۈگۈرگە قاراپ ئاتلاندى. ئارغىماقلار خوشۇتنىڭ
غەربىدىكى پاكار تاغ تىزمىلىرىنى بويلاپ ئۇچقاندەك مېڭىپ قۇياش غەربكە
پەسەيگەن مەھەلدە تاغ ئايلانمىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار شۇ مېڭىشىدا چوقۇ،
تاغارچى، قاراشەھەر، تېكىچى... قاتارلىق يۇرتلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كورلىنىڭ
ئايىغىدىكى توغراقلىقتا كېتىۋاتاتتى.
—
مانا ئەمدى ئالدىمىزدىكى پايانسىز كەتكەن چۆل، چېدىرغا بارغىچە يەنە خېلى
ماڭىمىز. ھىجران ناخشىلىرى مۇشۇنداق دەشت-باياۋاندا يۈرەككە راھەت
بېغىشلايدۇ. قېنى ئاقتاشلىق بۇلبۇل، سايراپ ماڭساڭچۇ؟
ھىدايى ئارغىمىقىنى ئاستىلىتىپ ماڭغۇزغاچ سوئال قويۇپ ئابدۇنىياز كامالنى
غىدىقلىدى. ناخشا ئېيتقۇسى كېلىپ تۇرغان ئابدۇنىيازغا بۇ تەكلىپ دەل
ۋاقتىدا بولدى-دە، ئاۋازىنى سازلاشتۇرۇپ ئۈنلۈك ئېيتىشقا باشلىدى:
ئېتىمنى چاپتۇرۇپ ئۆتسەم،
توقايلىقتىن قاۋان چىقتى؛
دوست-يارمىكىن دەپ يۈرسەم،
خۇي-پەيلى يامان چىقتى.
ئېۋىرغولنىڭ يوللىرى،
ئېگىز-تۆۋەن ئايلانما؛
يار
ۋەسلىگە يەتكۈچە،
يىگىت بولساڭ زارلانما.
ئېگەرلىك ئات ئاستىمدا،
ئۇچۇپ ماڭار دۇلدۇلۇم؛
سۆيگۈ، ھىجران ئىشقىدا،
راۋان بولار يوللىرىم.
يولغا چىقسام ئاتلىنىپ،
يارىم قالدى كېچىدە؛
ماڭا
ئاقيول تىلەپتۇ،
يوللۇق خېتى ئىچىدە.
...
2
ئۈچەيلەن كېچە-كۈندۈزلەپ يول بېسىپ بەشىنچى كۈنى تاڭ سەھەرلىكتە
مەنزىلگاھقا ئۇلاشتى.
تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى بىلەن تارىم ئويمانلىقى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان
بۇ گۈزەل جاي تارىختا ئورۇمتاي نامى بىلەن، كېيىنرەك بۈركۈت مەنىسىدىكى
بۈگۈر نامى بىلەن مەشھۇر ئىدى.
30-
يىللارنىڭ باشلىرىدا بۈركۈت يۇرتىنىڭ يېڭىسار يېزىسىدىكى دېھقان نىياز
خەلىپە باشلامچىلىقىدا نەچچە يۈزلىگەن خەلق ئاچارچىلىققا ۋە
زۇلۇم-زومبۇلۇققا قارشى بايراق كۆتۈرۈپ چىقىپ جىن شۇرېن دەۋرىدىكى
ناھىيىلىك پارىخور ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن ئابدۇراخمان
ئەلا ناملىق زاتنى ھاكىملىققا سايلىۋېلىشقانىدى. سەركەردە مەھمۇت مۇھىتى
دولان يۈرۈشىدە ئەنە شۇ يېڭى ھاكىم مەھكىمىسىگە كېلىپ ئورۇنلاشقانىدى.
قوچقار پالۋان ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ئەتىگەنلىك قۇياش نەيزە بويى ئۆرلىگەن
مەھەلدە يۈز-كۆزلىرىنىمۇ يۇيماي تەخىرسىزلىك بىلەن يېڭى ھاكىم مەھكىمىسى
بىناسى ئالدىغا كەلدى-دە، ئىجازەت بىلەن سەركەردە ھۇزۇرىدا ھازىر بولدى.
مەھمۇت مۇھىتى ئۇلارنى خۇش چىراي كۈتۈۋالدى ۋە ئۇلاردىن ھال-ئەھۋال سورىدى.
ئۇ قوچقار پالۋاننىڭ توي كاشىلىسى بىلەن كېچىكىپ قالغانلىقىنى چۈشىنەتتى
ھەم چوقۇم سەپكە يېتىپ كېلىدىغان دىتىغىمۇ ئىشىنەتتى.
—
يېتىپ كەلگىنىڭلار ياخشى بولدى، يىگىتلەر،–
دېدى سەركەردە،–
سىلەر ئاۋۋال ئوزۇقلىنىڭلار ۋە چۈشكىچە دەم ئېلىڭلار، چۈشتىن كېيىن
ئابدۇنىياز كامال يىگىتلەرگە «ئاچىل» ناخشىسىنى ئۆگەتسۇن، چۈنكى، مۇشۇ
يۇرتتىن سېپىمىزگە قوشۇلغان يېڭى يىگىتلىرىمىز ئاز ئەمەس. ئۇلار روھىي
ئوزۇققا، ئەدەپ-ئىنتىزامغا موھتاج. ناخشا ئۆگىتىپ بولغاندىن كېيىن سىلەرگە
يېڭى ۋەزىپە تاپشۇرۇلىدۇ.
سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۈچەيلەن خوشلىشىپ چىقتى.
شۇ
كۈنى چۈشتىن كېيىن قوچقار پالۋان سەركەردىنىڭ مەسلىھەتچىسى نەمەت
خەلپىتىمنىڭ باشچىلىقىدا دېھقان پىدائىيلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇلار
ئاستانىدىن، توقسۇندىن ھەمدە بۈركۈت يېزىلىرىدىن سەپكە قوشۇلغان دېھقان
بالىلىرى ئىدى. كىيىم-كېچەكلىرى ھەرخىل، كۆپلىرى ساۋاتسىز ۋە چالا ساۋات بۇ
يىگىتلەر شەھەرلىكلەرنىڭ بوش ئۆيلىرىگە، كارۋان سارايلىرىغا
ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇلاردىن ئەللىككە يېقىن ساۋاتلىقلىرى تاللىنىپ، مەرھۇم
ۋەتەنپەرۋەر شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەرىپىدىن يېڭى تېكىست بىلەن
ئىشلەنگەن «ئاچىل» ناخشىسىنى جىددىي ئۆگەنمەكتە ئىدى.
گۈلۈم ئاچىلاي دەيدۇ،
باشقا يارىشاي دەيدۇ؛
گۈللەرنىڭ پىراق ئوتى،
دىلغا يامىشاي دەيدۇ.
گۈل
ئېچىلىپ ناز قىلار،
كۆڭۈللەرنى ماز قىلار؛
گۈل
قەدرىنى بىلەمسەن،
زىمىستاننى ياز قىلار.
گۈل
دەردىدە خۇن بولدۇق،
تۈگمەنلەردە ئۇن بولدۇق؛
نادانلىقنىڭ دەستىدىن،
بىرلىشەلمەي قۇم بولدۇق.
ئاچىل، ئاچىلمىساڭ گۈل قايدا...
بۇ
ناخشا بىر كۈن ئىچىدە نەچچە يۈزلىگەن پىدائىي دېھقان بالىلىرى ئارىسىدا
پىششىق ئۆزلىشىپ بولدۇق. سەركەردە — بۈگۈر ناھىيىسى ھۆكۈمەت مەھكىمىسى
قورۇسىدا شەخسەن ئۆزى مەشىقنى كۆرەكتىن ئۆتكۈزۈپ قوچقار پالۋانغا بارىكاللا
ئوقۇدى.
—
بىزنىڭ ئەمدىكى مەنزىلىمىز،– دېدى سەركەردە كۆرەكتىن كېيىنكى سۆھبەت
ئۈستىدە،– قەشقەر بولىدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپسىلەركى، پىدائىي دېھقان بالىلىرىنىڭ
كىيىم-كېچەكلىرى بىرخىل ئەمەس، يەنە كېلىپ كونىراپ كەتكەن ماتا كىيىملەر.
شۇڭا بىر ھەپتە بۇرۇن دوختۇرۇم بايئاخۇن ئەزىزىنى ئاقسۇدا مىڭ كىشىلىك
كىيىم-كېچەك ۋە مىڭ جۈپ ئۆتۈك تەييارلاپ تۇرۇشقا ئالدىن ئەۋەتكەنىدۇق. بۇ
بىر جىددىي ۋەزىپە، بىز بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرالمايمىز. سىلەر ئۈچىڭلار
بۈگۈنلا ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىقىپ ئاشۇ ۋەزىپىنى پۈتكۈزۈشكە ياردەم
بېرىسىلەر ھەم بىزنى ئاقسۇدا كۈتۈپ تۇرىسىلەر. يوللاردا شاۋقۇن كۆتۈرمەي
تېز ۋە مەخپىي مېڭىڭلار.
—
خوپ، بەجانىدىل ئورۇندايمىز،– دېدى قوچقار پالۋان ئورنىدىن تۇرۇپ،–
سەركەردىنىڭ پەرمانىغا بىنائەن.
سۆھبەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۈچەيلەن ئاقسۇغا قاراپ ئاتلاندى.
3
نەچچە يۈز كىلومېتىرلىق ئۇزۇن مۇساپە. ئارغىماقلار تۇياقلىرىدىن ئۇچقۇن
چاچرىتىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەيتتى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پاكار
توغراقلىق چۆللەر، ئارىلاپ ئۇچرايدىغان بوستانلىقلار، ياغلىق مەھەللىلەر
بىر-بىرلەپ كۈنچىقىش تەرەپتە قالاتتى. ئۇلار ئاشۇنداق تېز مېڭىپ ئۈچ
كېچە-كۈندۈز ئىچىدە كوچا ۋە قىزىل-سايرامنى كەينىدە قالدۇرۇپ قارايۇلغۇنغا
يېتىپ كەلگىنىنى سەزمەي قېلىشتى. ئۇلار بۇ يەردە چۈشكۈن بولۇپ ھاردۇق
ئالدى.
ئەتىسى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ بىرلىكتە ناشتا قىلدى. ۋاڭ
نىياز غىزالانغاچ دوستلىرىغا دېدى:
—
ئاغىنىلەر، تۈنۈگۈنكى يول ماڭا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى. ئىككى كاسسام زېدە
بولۇپ چېچەكلەپ كېتىپتۇ. سەل قاراۋىراق ماڭايلى...
ھىدايى ئارقىدىنلا چاقچاق قىلىپ دېدى:
—
ياق، بىلمىدىڭ، ئاغىنە، ئىككى كاسساڭنىڭ چېچەكلەپ ئېچىلغىنى «ئاچىل»
ناخشىسىنىڭ خاسىيىتىدىن بولغان.
ھىدايى ئارقىدىنلا چاقچاق قىلىپ دېدى:
—
ياق، بىلەلمىدىڭ، ئاغىنە، ئىككى كاسساڭنىڭ چېچەكلەپ ئېچىلغىنى «ئاچىل»
ناخشىسىنىڭ خاسىيىتىدىن بولغان.
ھىدايىنىڭ چاقچاق سۆزى ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈۋەتتى.
ناشتىدىن كېيىن ئۇلار ئاتلىرىغا بوغۇز تۆكۈپ بېرىپ، ئاندىن يېقىنلا بىر
يەردىكى ئېتىزلىقتا كۈزگى بۇغداي كانچىلاۋاتقان ئوتتۇرا ياشلىق ئىككى
دېھقاننىڭ قېشىغا باردى. ئۇلار ئۆزئارا سالاملىشىپ تونۇشلۇق بېرىشكەندىن
كېيىن قىر بېشىدا ئولتۇرۇپ ئازادە سۆھبەتلەشتى.
قوچقار پالۋاننىڭ تەسەۋۋۇرىدا قارا يۇلغۇننىڭ تەبىئىي شارائىتى تۇرپان
مۇرتۇققا ئوخشاپ تۇراتتى. ئۇ دېھقانلاردىن سورىدى:
—
سىلەرنىڭ بۇ يەردە يېقىندا جەڭ بولدىمۇ؟
قوچقار پالۋان ئۆزىنى ۋە ئاغىنىلىرىنى ھېلىقى دېھقانلارغا ئادەتتىكى
يولۇچى، ئېلىپساتار تىجارەتچى قىياپىتىدە تونۇشتۇرۇپ دېھقانلارنىڭ گۇمان
قىلىشىدىن ساقلانغانىدى. شۇنداقتىمۇ دېھقان سەل خۇدۈكسىرىگەندەك بولۇپ
ئىنىسىنى سۇغا قاراشقا ماڭغۇزۇۋەتكەندىن كېيىن يۇقىرىدىكى سوئالغا جاۋاب
بەردى:
—
سىزنىڭ بايا سورىغان «جەڭ» دېگىنىڭىز «يىغىلىق» دېگىنىڭىزدۇر ئېھتىمالىم.
بۇ يەردە بىر ئەمەس، بىرنەچچە قېتىم يېغىلىق بولدى. باي سىجاڭ دەمدۇ،
تۆمۈر سىجاڭ دەمدۇ، ما جۇڭيىڭ، ليۇ سىلىڭ دەمدۇ، خوجىنىياز ھاجى دەمدۇ،
ئەيتاۋۇر ئۇلارنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇ يەردە قان تۆكۈشتى. تېخى مۇشۇ
يېقىندىلا ما جەمەتىنىڭ قىسىملىرى بىر تەرەپ، خوجىنىياز ھاجى، باي سىجاڭ
بىر تەرەپ بولۇپ سوقۇشۇپ، باي سىجاڭ قازا تاپتى. خوجىنىياز ھاجى ئاقسۇغا
قېچىپ كەتتى. ھەممە بالا-قازا دېھقانلارنىڭ بېشىغا كەلدى. ئۇلار بىردەم ئات
دەيدۇ، بىردەم قوي دەيدۇ، بىردەم بولسا ئادەم بېرىسەن دەيدۇ، مانا مېنى
كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ھەممە دېھقان ماڭا ئوخشاش بىر تېرە، بىر ئۇستىخان
بولۇپ قالدۇق. يېغىغا باش بولغانلار تولىسى قارا تومپاي ئادەملەر ئىكەن.
ئەگەر ئۇلار دانا ئادەملەر بولسا ئىشنىڭ باش-ئايىغى سۈزۈك بولاتتى. بۇ قارا
تومپايلار كىشىلەرنى يالغاندىن قايمۇقتۇرۇپ يالغاندىن «ئىسلام ئاچتى»؛
ئەمەلدە ئىتتىپاقسىزلىق ئۇرۇقىنى چاچتى. يېڭىلىپ قالسا ئاق بايراق كۆتۈرۈپ
قاچتى...
بۇ
دېھقان دەرد-ئەلەمگە تولغان ئىچىنى بوشىتىۋېلىش ئۈچۈن غۇۋا كۆزلىرىدە ئەگىپ
تۇرۇۋاتقان يېشىنى قارىداپ كەتكەن بارماقلىرى بىلەن ئېرتىۋېتىپ سۆزىنى يەنە
داۋام قىلدى:
—
مېنىڭ ئىككىلا ئوغلۇم بار ئىدى. چوڭى مۇشۇ يەردىكى يېغىلىقتا ئۆلۈپ كەتتى.
كىچىكى خوجىنىياز ھاجىنىڭ قويلىرىنى قاراقول چېگرىسىغا ھەيدەپ بېرىش
سەپىرىدە يولدا توڭلاپ ئۆلدى. بالىلىرىمىزنىڭ ئاپىسى يېقىندا زىققە كېسەل
بىلەن قازا تاپتى. ئەمدى مەن ھوقۇشتەك تەنھا قالدىم. ھازىر مېنىڭ
ھەمراھىممۇ دەرد-ئەلەم، بايلىقىممۇ دەرد-ئەلەم ئەزىز مېھمانلارنىڭ ۋاقتى
بولسا كەپەمگە باشلاپ بارىمەن. داستىخان سالغۇدەك مادارىم يوق، ئەمما پاك
كۆڭلۈم بار. پېقىر بەختىيار قوشاقچى سىلەرنى مۇڭلۇق ھىجران ناخشىلىرىم
بىلەن رازى قىلىپ ئۇزىتالايمەن.
دېھقاننىڭ ئاشۇ سۆزلىرىدىن تەسىرلەنگەن ھىدايى بىلەن ۋاڭ نىياز ئۇنىڭ
ئۆيىگە بېرىشقا ئىنتىلگەنىدى، لېكىن قوچقار پالۋان دوستلىرىغا كۆز قىسىپ
توسۇپ قويدى. بەختىيار قوشاقچى بۇنى سېزىۋالدى-دە، دەررۇ سۆز قىستۇرۇپ
دېدى:
—
«دەم غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت» دېگەن گەپ بار. ئەگەر ۋاقتىڭلار قىس بولسا
ھىجران ناخشىسىدىن بىر-ئىككى قوشاق يوللۇق تۇتاي. ئىچىمنى بىر قېتىم
بوشىتىۋالسام ماڭا بىر يىللىق ئوزۇق بولىدۇ:
ئېتىمنى بەختىيار دەيدۇ،
جۇدامەن بەختىيارىمدىن.
قارا
تاشلارمۇ يىغلايدۇ،
مېنىڭ بۇ ئاھۇ زارىمدىن.
قارايۇلغۇن قارا بولدى،
پېقىر كۆڭلى يارا بولدى.
بۇ
دەردكە كىم ئارا بولدى،
يېشىم كۆل نالە-زارىمدىن.
بىرى
كېلىپ ئات دەيدۇ،
بىرى
ھارۋاڭنى قات دەيدۇ.
يېتىم-بىچارە داد دەيدۇ،
تۈگەشتىم يوقۇ يارىمدىن.
دېھقان قوشىقىنى مەيۈس ئاھاڭىدا تۈگىتىش بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئەلەملىك
كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ياش تامچىلىرى قورۇلۇپ كەتكەن ئېڭەكلىرىنى بويلاپ
سىرغىپ چۈشتى. قوچقار پالۋان ئولتۇرغان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئىككى قولى
بىلەن دېھقاننىڭ قولىنى ئۇچلاپ تۇرۇپ دېدى:
—
خەير خوش، بەختىيار قوشاقچى، تەسىرلىك قوشىقىڭىزدىن بەھرىمەن بولدۇق.
بېشىڭىزغا كەلگەن قىسمەتلەرنى ئاڭلاپ يۈرىكىمىز ئېزىلدى. بىز بۈگۈن سىزدىن
ياخشى بىر دەرس ئاڭلىدۇق. چىداملىق بولۇڭ، ئاكا. ئۆتكەنلەرنى ئۇنتۇپ،
ئالدىڭىزغا قاراڭ. سالامەت بولۇڭ. ھاياتنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكى بولىدۇ.
سەۋر-تاقەت قىلساق، چىداملىق بولساق، ئامەت گۈللىرىنىڭ ئېچىلىدىغان پەيتىمۇ
كېلەر. بىز يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكۈچە ئاللا ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا
ساقلىغاي.
قوچقار پالۋان يولغا ئېلىۋالغان سەپەر توقاچلىرى ۋە توقسۇننىڭ قۇرۇق
ئۈزۈملىرىدىن ئېلىپ دېھقانغا تۇتتى.
ئۈچەيلەن دېھقان يېنىدىن ئايرىلىپ، ئارغىماقلىرىغا مىنىشىپ، ئاقسۇغا يۈرۈپ
كەتتى...
4
ھاۋا
سالقىن، كۆك ئاسمان ئەينەكتەك سۈزۈك، ئوڭ تەرەپتە خانتەڭرى چوققىسى ئاق
لىباسلىرىغا يۆگىلىپ مەزمۇت قەد كۆتۈرۈشۈپ تۇراتتى. تاغ تەرەپتىن
كېلىۋاتقان سالقىن شامال كىشىنىڭ يۈزلىرىگە يېقىملىق سۆيۈپ، دىللارغا ھۇزۇر
بېغىشلايتتى، ئارغىماقلار ئاياغلىرىدا سارغۇچ توپىلارنى توزۇتۇپ، يېڭى
مەنزىلگە قاراپ ئىلگىرىلەيتتى. قۇياش دەل چۈش قىيامىغا يەتكەن مەھەلدە
ئاتلىقلار ئېگىز يارنىڭ لېۋىگە يېتىپ باردى. ئېگىز يارداڭلىقنىڭ ئوتتۇرا
قىسمىدىن كېسىپ ئۆتكەن يول بىلەن غەربكە پەسىيىپ چۈشكەن ھامان ئاقسۇ
كونىشەھەرنىڭ شاھمات ئورۇقىدەك زىچ ئورۇنلاشقان قاتار ئۆي-ئىمارەتلىرى ۋە
بىنا ئارىلىرىدىكى دەل-دەرەخ، باغۋارانلىرى نامايان بولدى. كۆزلەرنىڭ
يېغىنى يەيدىغان بۇ مەنزىرىلىك ماكان چەۋەندازلارنى بىئىختىيار جەلپ
قىلغانىدى.
ئاقسۇنىڭ ۋاقىتلىق ۋالىي مەھكىمىسى ۋە مۇۋەققەت ۋالىيسى ئۇ كۈنلەردە مۇشۇ
شەھەردە ۋاقىتلىق ئىش بېجىرەتتى. ئەلچىلەر ئۇدۇل ئاشۇ ۋاقىتلىق ئىش بېجىرىش
ئورنىغا بېرىپ چۈشكۈن قىلدى ۋە ۋاقىتلىق ئىش بېجىرگۈچنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ
ئۆزلىرىنى تونۇشتۇردى. ئارا بوي، چار ساقال كەلگەن ساھىبخانا خۇشخۇي
تەلەپپۇزدا دېدى:
— بۇ
ئىشتىن بىز خەۋەر تاپتۇق. سىلەردىن بۇرۇن كەلگەن ئەلچى بايئاخۇن ئەزىزى
بىلەن بىللە كارخانىلار تەشكىللەپ، كىيىم-كېچەك، كۆن ئۆتۈك ۋە ئاتلارغا
ئېگەر-جابدۇق ھازىرلاش ئىشىنى باشلىۋەتكىنىمىزگە بىرنەچچە كۈن بولدى. ئىش
ھەققىگە كەلسەك، يېرىمى خالىسانە، يېرىمى...
ساھىبخانا سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇنىڭ قويۇق چار ساقىلى بىردىنلا
تىترەپ كەتتى. ئۇ سۆزىنىڭ قالغىنىنى دېيىشكە ئاغزىنى ئۆمەللەتتىيۇ
چىقىرالمايتتى، ئاخىرى شۇنداق دېدى:
—
سىلەر ئۇزۇن يولنى بېسىپ چارچىدىڭلار، بۈگۈنچە ھاردۇقىڭلارنى ئېلىڭلار،
ئەتىگەنلىككە بىز بىرلىكتە كارخانا ۋە كاسىپلارنى كۆزدىن كەچۈرەيلى.
چەۋەندازلار بۇ جايدىن چىقىپ، مېھمانخانا ياتاقلىرىغا قايتىپ كېلىشتى.
ئۇلار ياتاقلىرىدا دەم ئالغاچ كۈلكە-پاراڭ باشلىۋەتتى.
—
تازىمۇ لامزەللە بىر نېمىكەن ئۇ،– دېدى ھىدايى بايىقى ئىش بېجىرگۈچى بەگنى
مەسخىرە قىلىپ،– گەپنىڭ يېرىمىنى قىلسا، يەنە يېرىمى ئېغىزدىن چۈشۈپ
قېلىۋاتىدۇ.
—
ياق، ئاغىنە،– دېدى قوچقار پالۋان لوقما سېلىپ،– سەن تېخى
چۈشىنەلمەيۋېتىپسەن. بۇ يەردىكىلەرنىڭ بېشىنى غەزەپ-نەپرەت ۋە قايغۇ-ھەسرەت
تۇمانلىرى گاڭگىرىتىپ قويۇپتۇ. بىز ھازىرچە بۇ گەپلەرنى تەگىمەي ئۇنتۇپ
تۇرايلى. قىلىشىدىغان باشقا گەپلىرىمىزمۇ بارغۇ؟
—
دەل جايىدا دېدىڭ،– دېدى ۋاڭ نىياز ئاغىنىسىنىڭ سۆزىگە مەھكەم يامىشىپ،–
ئۇششاقتالدا بىزگە ۋەدە قىلىپ، پاتىمەنىڭ خېتىنى كېيىنچە يول ئۈستىدە ئوقۇپ
بېرىدىغان بولغىنىڭ ئېسىڭدىدۇر. بۈگۈن بىزگە مانا ئازادە پۇرسەت كەلدى،
قېنى مەشۇقىڭنىڭ مۇھەببەتنامىسىنى مۇشۇ پۇرسەتتە ئاڭلاپ باقايلىچۇ؟
—
ۋاي-ۋۇي تازىمۇزە، بىر خەت ئۈچۈن رودۇپايدەك پاچلىشىۋالغىنىڭلارنى
قارىمامدىغان،– دېدى قوچقار پالۋان ئاغىنىلىرىگە چاقچاق قىلىپ ۋە
يانچۇقىدىن خەتنى چىقىرىپ ھىدايىغا سۇنۇپ دېدى،– مانا خەت، ئۈنلۈك ئوقۇ،
ۋاڭ نىيازمۇ ئاڭلىسۇن.
—
ياق، ياق، ئۆزۈڭ ئوقۇ،– دېدى ۋاڭ نىياز،– ماۋۇ ئىككىمىز بولساق چالا ساۋات،
قاملاشتۇرۇپ ئوقۇيالمايمىز. مۇھەببتنامىنى مۇھەببەت ئەھلى ئۆزى ئوقۇسا
باشقىچە بولىدۇ.
قوچقار پالۋان ئىلاجسىز قېلىپ ماڭلاي-پېشانىسىنى ئالقىنى بىلەن بىر قېتىم
سىيرىۋەتكەندىن كېيىن خەتنى ئۈنلۈك ئوقۇدى:
«ئىككىمىز مىڭ تەستە قۇرۇپ چىققان ئۇۋىدا مەن يەنە تەنھا قالدىم. مەن
بۇنىڭغا ئۆكۈنمەيمەن. سىزگە ئاقيول تىلەيمەن. مەن خاسىيەتلىك شامالغا
سېغىنىپ دۇئا قىلىمەن، ئايىغىڭىزدىن شامال ئۆتۈپ تۇرسۇن، مەن يەنە ئاي،
يۇلتۇزلارغا يېلىنىپ دۇئا قىلىمەن. ئۇلار يولىڭىزنى يورۇتۇپ تۇرسۇن.
بوينىڭىزدىكى تاش تۇمار سىزگە نۇسرەت ئاتا قىلسۇن. ۋاپادار دۇلدۇلىڭىز
يولىڭىزنى راۋان، مۈشكۈلىڭىزنى ئاسان قىلسۇن. نادانلىق، جاھالەت ۋە ئېغىر
نامراتلىق قاپلىغان بۇ زېمىندا بىھۇدە قان دەريا بولۇپ ئېقىۋاتقانلىقىدىن
ئىچىم سىيرىلىدۇ. مەن تەڭلىك ۋە مەرىپەتلىك ھاياتنى سېغىنىمەن. مەن سىزگە
يەنە بىر قېتىم ئاقيول تىلەيمەن...
ئاقتاش ئۆستەڭ بويىدا،
ئېگىز ئۆستى ئاق قوناق.
پەرۋايىم يوق ئاتالسام،
ئەل
ئىچىدە تۇل، چولاق.
تورغۇتلارنىڭ دۇلدۇلى،
سىزگە قانات، يار بولسۇن.
چىن
تۆمۈرنىڭ ئالدىدا،
رەقىب يولى تار بولسۇن.
سىز
كەلگۈچە ئاق تاشنى،
بىر
دانىدىن سانايمەن.
زەپەر قۇچۇپ كەلسە دەپ،
يولىڭىزغا قارايمەن...»
پاتىمەنىڭ تەسىرلىك خېتى بىلەن ھىجران قوشىقى ھىدايى بىلەن ۋاڭ نىيازنى
ھەيران قالدۇردى. قوچقار پالۋاننىڭ خىيال كەپتىرى بىردىنلا تۇرپان
ئويمانلىقى ۋە توقسۇن ئاقتاش بوستانلىقىغا ئۇچۇپ كەتتى-دە، بىرمەھەل
جىمىقىپ خىيال دەرياسىدا ئۈزۈشكە باشلىدى.
—
ئورنىمىزدىن تۇرايلى،– دېدى ھىدايى ئۆي ئىچىدە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان
جىمجىتلىقنى بۇزۇپ،– كەچ كىرىپ قالدى. كەچلىك تاماق يەيلى، ئاندىن...
ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشىغا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر ياش دورغىسى
ياتاقخانىغا كىرىپ كەلدى-دە:
—
ئەھەد بېگىم ھەرقايسىڭلارنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ مېنى ئەۋەتتى، مېھمانلار،
قېنى مەرھەمەت،– دېدى.
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئاشپۇزۇلغا بېرىشتىن يالتايدى ۋە ئەھەد بېگىمنىڭ
ئۆيىگە بېرىپ زىياپەتكە ئىشتىراك قىلدى. ساھىبخانا تېخى بايىلا
چەۋەندازلارنى قوبۇل قىلغان يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئىدى.
زىياپەت ئۈستىدە ئەھەد بەگ بىلەن چەۋەندازلار يەنىلا شۇ ئېگەر-جابدۇق،
فورمىلىق كىيىم-كېچەك توغرىسىدا سۆزلەشتى ھەمدە ئەتە ئەتىگەندە
كاسىپخانىلارغا بېرىپ تەييارلىق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغان بولۇپ تەكرار
كېلىشىپ، زىياپەت سورۇنىدىن قايتىپ كېلىشتى.
ئەتىسى چەۋەندازلار ئەھەد بەگنىڭ دورغىسى باشلامچىلىقىدا ھەرقايسى
ھۈنەرۋەن-كاسىپلار ئىشلەۋاتقان تىككۈچىلىك ئىشخانىلىرىغا بېرىپ
بۇيرۇتمىلارنى تەكشۈرۈپ چىقتى. كارخانىلارنىڭ بەزىلىرى يېڭىلا تەسىس
قىلىنغان «نىيازىيە»، «سادىقىيە» ناملىق باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بوش
سىنىپلىرىغا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.
قوچقار پالۋان فورما كىيىم تىكىۋاتقان بىر ياشانغان ماشىنچىغا كۆزى چۈشۈپ
سورىدى:
—
ئۇستام، ئىشلار پۈتەي دېدىمۇ؟
ماشىنىچى قىلىۋاتقان ئىشىدىن قولىنى ئۈزمەي تۇرۇپ جاۋابەن دېدى:
—
شۇنداق، پۈتەي دېدى.
—
ئىش باشلىغىلى قانچە ئۇزۇن بولدى؟
—
ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش كۈن، ئون ئىككى ئاي بولدى.
—
ياق، ياق، مېنىڭ سوراۋاتقىنىم مۇشۇ يېڭى ئىشنى دېمەكچىمەن.
—
بىر ھەپتە بولدى.
—
سىمكار — ئىش ھەققى ئالدىڭلارمۇ؟
ماشىنىچى نەق مەيداندا ئەھەد بەگنىڭ دورغىسى گۆشىيىپ قاراپ
تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، زۇۋان سۈرمەي جىم تۇرۇۋالدى.
سەگەك قوچقار پالۋان بۇنى سېزىۋالدى-دە، پاراڭنى ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرۇشنى
مۇۋاپىق تاپتى.
كاسىپخانىلار بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن قوچقار پالۋان
ھېلىقى دورغا بەگكە دېدى:
—
سىلى ھازىرلا بېرىپ ئەھەد بېگىمگە يەتكۈزۈپ قويسىلا، ئەتىلىككە ھەممە
بۇيرۇتمىلار تەق قىلىنىپ ئامبارغا توپلانسۇن، ئۆگۈنلۈككە دېھقان قوشۇنلىرى
يېتىپ كېلىدۇ. ئىندىنلىققا قەشقەرگە قاراپ يۈرۈپ كېتىمىز. بۇ سىلەرگە
بېرىلگەن بۇيرۇق!
دورغا بەگ بۇيرۇقنى ئاڭلاپ:
—
خوپ، ئالىيلىرى، ھازىرلا يەتكۈزەي،– دېدى ۋە بىردىنلا ھودۇقۇپ ئاشۇ گەپنى
ئاغزىدىن چىقىرىپلا بەدەر تىكىۋەتتى.
قوچقار پالۋان ئاغىنىلىرى بىلەن بىللە يەنە قايتا «نىيازىيە» مەكتىپىنىڭ
بىناسىغا بېرىپ بايىقى ماشىنىچى ئۇستام بىلەن ھېلىراقتا ئۈزۈلۈپ قالغان
سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇردى:
—
قېنى، ئۇستام، سۆزلىسە، بىز ئەمدى ئازادە سۆزلىشەيلى، ئۇلار ئىش
ھەققىڭلارغا بىرنېمە بەردىمۇ، يوق؟
چىرايى جۈدەڭگۈ بولۇپ كەتكەن بۇ كاسىپنىڭ تىكىش ماشىنىسى نىكولاي
زامانىسىدىن قالغان قارا كۆتەك ماشىنا بولۇپ، ھەدېگەندە يىپ ئاتلاپ كاسىپنى
ئاۋارە قىلاتتى. كاسىپ بولسا پات-پاتلا «ھەسسىنەي ئالدىرىغاندا...» دەپ
زارلىناتتى. ئۇ يىپ ئۇلاشنى توختىتىپ تۇرۇپ، قوچقار پالۋاننىڭ سوئالىغا
جاۋابەن دېدى:
—
نەدىكى ئىش ھەققىنى دەيدىلا، تەقسىر. خوتۇنۇم بىلەن بالا-چاقام ئۆيدە
ئاچ-زېرىن مېنىڭ قولۇمغا قاراقلىق. «توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلايدىغانلار»
بىزنى بىكارغا ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە توپىلاڭچىلارنىڭ كۆپلۈكىنى
دېمەمدىلا، بۈگۈن بىرى كەلسە، ئەتىسى ئۇنى قوغلاپ يەنە بىرى كېلىدۇ.
ھەممىسىلا ئاچ قالغان بۆرىدەك پۇقرالارنى شىلىشىپ ماڭىدۇ. ئاشۇ
توپىلاڭچىلاردىن مەھمۇت سىجاڭنى خېلى ئادىل كىشى دېيىشىدۇ. بۇ كىشى
قوشۇنلىرىغا كىيىم-كېچەك تىككۈزۈش ئۈچۈن ئۈچ يۈز سەر كۆمۈش ماڭغۇزغانىكەن،
دەپ ئاڭلىغان. بىزنىڭ ئىش ھەققىمىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىكەندۇق، نەدىكىنى؟
ئەھەد شەيتان دەيدىغان يالماۋۇز ئۇ پۇللارنى چۆنتىكىگە سېلىۋاپتۇدەك، بىز
بولساق دۈمچىيىپ بىكارغا ئىشلەيمىز.
—
رەھمەت، ئۇستام، كۆكسىلىرىدىكى دەردنى بىزگە ئىشىنىپ ئېيتىپ بەرگەنلىرى
ئۈچۈن سىلىدىن مىننەتدارمىز، پات ئارىدا ھەممە كاسىپلارنىڭ ئىش ھەققىنى
ئۈندۈرۈپ بېرىشكە مانا بىز كاپالەتلىك قىلىمىز. خاتىرجەم بولغايلا.
قوچقار پالۋان كاسىپنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىۋاتقان چاغدا «نىيازىيە»
مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ قورۇسىغا توپلىنىپ، زىلۋا بويلۇق، بېشىغا
سەرپۇش كىيىۋالغان بىر ئەر مۇئەللىمنىڭ باشچىلىقىدا «بىز ياش بالىلار،
غايىمىز ئوقۇش» دېگەن مارشنى مەشىق قىلىشقا باشلىغانىدى.
قوچقار پالۋان ئاغىنىلىرى بىلەن بىللە كاسىپ بىلەن خوشلىشىپ،
ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشىق مەيدانىغا باردى. بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن
قوچقار پالۋان ھازىرقى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق نىيىتىگە كەلدى-دە،
ھېلىقى ناخشا مەشىق قىلىنىپ بولغان ھامان مۇئەللىمنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىپ شۇ
يەردىلا ئوقۇغۇچىلارغا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئاچىل» ناخشىسىنى ئۆگىتىشكە
كىرىشىپ كەتتى. بۇ ناخشا تېكىستى بۇ يەرگە بۇرۇن يېتىپ كەلمىگىنى ئۈچۈن، بۇ
يېڭىلىقتىن پۈتۈن ئوقۇغۇچىلار بەكمۇ سۆيۈنۈپ كېتىشتى. يېڭى ناخشىنىڭ مەشىقى
ئاياغلاشقان ھامان غايىبە ئىسىملىك بىر قىز ئوقۇغۇچى مەرھۇم ئاتىسىغا
بېغىشلاپ يازغان مەرسىيە قوشىقىنى مېھمانلار ئالدىدا دېكلاماتسىيە قىلىپ
ئوقۇپ بېرىشنى مۇئەللىمدىن تەلەپ قىلدى. مۇئەللىم دەرھال ماقۇل بولدى-دە،
ھېلىقى قىز جاراڭلىق ئاۋازدا ئوقۇشقا باشلىدى:
دادام مېنى ئەتىۋارلاپ،
غايىبە دەپ ئاتىغان.
مېنىڭ زېرەك قىزىم دەپ،
ئەل
ئىچىدە داڭلىغان.
ئوغۇلغا تەڭ قىزىم دەپ،
ئەزىرلەيتتى جېنىدىن.
يۆلەنچۈكۈم ئاتام دەپ،
ئايرىلمايتتىم يېنىدىن.
پېشانەمنىڭ شورىمۇ،
چىقتى ئاڭا بىر سەپەر.
ئۇزۇن ئۆتمەي ئاپامغا،
يېتىپ كەلدى شۇم خەۋەر.
ئېگەرلىك ئات يېگانە،
كىرگەن پېتى قورۇغا.
كىشنەپ-چىرقىراپ قارايتتى،
كۈنپېتىشنىڭ يولىغا.
دېمەك دادام ئۆلۈپتۇ،
قارايۇلغۇن جېڭىدە.
ئاپام ئاڭلاپ ياش تۆكۈپ،
جان
قالمىدى تېنىدە.
تۇغۇلماق بار، ئۆلمەك بار،
قانۇنىيەت ئالەمدە.
ئۈمىد نۇرى ئۆچمەيدۇ،
ئىرادىلىك ئادەمگە.
مىراس قالدى دادامدىن،
ئېگەرلىك ئات ئارغىماق.
قاناتىم شۇ تەس ئەمەس،
داۋانلاردىن ئاتىماق.
دېكلاماتسىيە ئاياغلىشىش بىلەن تەڭ مەكتەپ مەيدانىدا چاۋاك ساداسى ياڭراپ،
ھېلىقى قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئىقتىدارىغا ھەممەيلەن بارىكاللا ئوقۇشتى. قوچقار
پالۋان ۋە ئۇنىڭ ئاغىنىلىرى بۈگۈنكى پائالىيىتىنىڭ ئاشۇنداق مەنىلىك
ئۆتكەنلىكىدىن تولىمۇ رازى بولۇشقانىدى.
—
ئەمدى نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
مەكتەپ مەيدانىدىن قايتىپ، ئۆزلىرى چۈشكۈن قىلغان ياتاققا كەلگەندىن كېيىن
ئاشۇ تېمىدا ئۈچەيلەن پاراڭلاشتى. ھىدايى تەكلىپ بېرىپ دېدى:
— بۇ
يەردە بىز بىر مىنۇتمۇ لاغايلاپ يۈرەلمەيمىز. بۈگۈردە نۇرغۇن ئادەم بىزنى
كۈتۈۋاتىدۇ، بۇيرۇتمىلارمۇ تەق بولاي دەپتۇ. مەن بۈگۈرگە خەۋەر بېرىشكە
ھازىرلا ئاتلىناي، ئىككىڭلار كىيىم-كېچەكلەرنى توپلاپ تەق قىلىپ تۇرۇڭلار.
قوچقار پالۋان بىلەن ۋاڭ نىياز بۇ پىكىرگە شۇئان قوشۇلدى. ھىدايى بۈگۈرگە
قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
5
بۈگۈن بازار كونىسى ئىدى. شەھەرنىڭ رەستە ۋە خالتا كوچىلىرىدا سودا-سېتىق
ۋاڭ-چوڭلىرى قۇلاق پەردىسىنى ياراتتى. ئوتۇن بازىرى ۋە مال بازىرىدا
يېزا-قىشلاقلاردىن كەلگەن، رەڭگى-رۇخسارلىرىدىن توپا-چاڭ ئۆرلەپ تۇرغان
ئەر-ئايال دېھقانلار ئۆز ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراپ يۈرۈشەتتى. بۈگۈن ئاخشام
مەھمۇت سىجاڭ ئاقسۇغا كەلگۈدەك دەيدىغان كوچا پاراڭلىرىمۇ ئېغىزدىن-ئېغىزغا
كۆچۈپ يۈرەتتى. مەھمۇت سىجاڭنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن زېرىپقارى ھاجىم باشلىق
كىشىلەرمۇ قەشقەردىن يېتىپ كەلگەنىدى.
يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋاقىتلىق ئىش بېجىرگۈچى بەگ-دورغىلىرى ئۇياقتىن-بۇياققا
ئالمان-تالمان يۈگۈرۈشۈپ، ساراي-سارايلارنى بوشىتىپ، چۈشكۈن ۋە ئوزۇق-تۈلۈك
تەييارلاش بىلەن بەند ئىدى. كىيىم-كېچەك، ئېگەر-جابدۇق بۇيرۇتمىلىرىمۇ
ھۆكۈمەت ئامبىرىغا توپلىنىپ تەق قىلىپ قويۇلغانىدى.
ئاخىرى مۆلچەر سائەتلىرىمۇ يېتىپ كەلدى. ئاخشىمى ئەل ئايىغى بېسىققان
مەھەلدە سەركەردە مەھمۇت مۇھىتى نەچچە يۈزلىگەن دېھقان پىدائىيلىرى بىلەن
بىللە شەھەر ئىچىگە كىرىپ كەلدى. مۇلازىملار ئۇلارنى ئالدىن ھازىرلاپ
قويغان سارايلار ۋە مېھمانخانىلارغا ئورۇنلاشتۇردى. كەچلىك غىزادىن كېيىن
ئۇلار دەم ئالدى.
ئەتىسى سەھەرلىك چايدىن كېيىن يىگىتلەرگە يېڭى تىكىلگەن فورماتلىق كىيىم
تارقىتىپ بېرىلدى. ئاندىن چوڭ مەيداندا يىگىتلەر سەپكە تىزىلىپ سەركەردىنىڭ
كۆزدىن كەچۈرۈشىدىن ئۆتتى.
بۈگۈن بۇ مەيدانغا يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھەمدە نۇرغۇن
ھۈنەرۋەن-كاسىپلارمۇ ھازىر بولغانىدى. كاسىپلارنىڭ ۋەكىلى بىر پارچە خەتنى
كۆتۈرۈپ بېرىپ سەركەردىنىڭ قولىغا سۇندى. ھەممە كىشىنىڭ دىققىتى شۇ نۇقتىغا
تىكلىگەنىدى.
سەركەردە مەزكۇر خەتنى كۆزىدىن ئۆتكۈزۈپ بولۇپ يېنىدا ئۆرە تۇرغان قوچقار
پالۋانغا پىچىرلىدى:
— بۇ
ئىشتىن سىلەر خەۋەردارمۇ؟– سورىدى سەركەردە.
—
شۇنداق، سەركەردە،– دېدى جاۋابەن قوچقار پالۋان.
مەھمۇت مۇھىتى ئارقىدىن ئەھەد بەگنى قىچقىرىپ سورىدى:
—
ئىشچىلار ۋە كاسىپ-ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ھەققىنى تېخى بەرمىدىڭلارمۇ؟
—
شۇنداق، ئالىيلىرى، كىم قانچىلىك ئىشلىدى بۇنى ھېسابلاپ چىقىشقا تېخى
ئۈلگۈرمەي قالدۇق. ئىش ھەققىنى چوقۇم بېرىمىز.
ئەھەد بەگنىڭ ھودۇققىنىدىن كۆزلىرى ئالا-چەكمەن بولۇپ كەتتى-دە، بېشىنى
ئېگىپ سەركەردىگە ناماقۇللۇق بىلدۈردى.
مەھمۇت مۇھىتى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئاخىرىدا دېدى:
—
مەنسەپ ئەھلى كىشىنى كۆيدۈرمەسلىكى، باشقىلارنىڭ ھالال ھەققىنى
يۇتۇۋالماسلىقى كېرەك. ھارام سىڭمەيدۇ، دەيدىغان گېپىمىز بار، بۇ ئىشنى بىز
ئەتە قەشقەرگە يۈرۈپ كەتكۈچە بىر تەرەپ قىلىۋېتىش لازىم. بۇنىڭغا نېمە
دەيسىز؟
—
بۇيرۇقلىرىنى بەجانىدىل ئورۇندايمەن، جانابلىرى،– دېدى ئەھەد بەگ قەسەم
قىلىپ ۋە ئەپلەپ-سەپلەپ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋالدى.
دەل
شۇ ئەسنادا، بۇ شەھەردە يېڭىلا قۇرۇلغان «نىيازىيە» ۋە «سادىقىيە» ناملىق
باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يۈزلىگەن ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچىلىرى رەڭدار
پلاكاتلىرىنى لەپىلدىتىپ ۋە رەتلىك قەدەم تاشلاپ مەيدانغا كىرىپ كېلىشتى ۋە
مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئالدىدا قاتار سەپتە تۇرۇپ سەركەردىگە كوللېكتىپ ئېھتىرام
بىلدۈردى. ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى غايىبە — مەھمۇت مۇھىتىغا بىر دەستە قىزىلگۈل
تەقدىم قىلغاندىن كېيىن پۈتۈن ئوقۇغۇچىلار شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ
ئىجادى — «ئاچىل» ناخشىسىنى جاراڭلىق ئېيتىشقا باشلىدى. بۇ ناخشىنى سەپتە
تىزىلىپ تۇرغان پىدائىي يىگىتلەرمۇ قوشۇلۇپ ئېيتىپ مەيدان كەيپىياتىنى
ئەۋجىگە كۆتۈرۈۋەتتى. ناخشا تۈگىگەندىن كېيىن مەھمۇت مۇھىتى ئوقۇغۇچىلارغا
قىزغىن تەشەككۈر بىلدۈردى.
ئالتىنچى باب
قوچقار پالۋان ھارابتا
1
بۇغدا ئېتىكىدىكى ئېدىقۇت بوستانلىقىدىن خوشلىشىپ تەكلىماكان بويلاپ يۈرۈش
قىلغان ئەزىمەتلەر چەكسىز چۆل دالالار ۋە يېزا بوستانلىقلىرىنى بېسىپ،
ئاخىرى پامىر تېغى ئاستىدىكى مەشھۇر قەدىمىي شەھەر قەشقەرگە كېلىپ
ئورۇنلاشقانىدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي، سەركەردە مەھمۇت مۇھىتى بۇيرۇق ئېلان قىلىپ قوچقار پالۋانغا
ليەنجاڭلىق ۋەزىپە بېرىپ ھارابتا قاراۋۇللۇق قىلىش مەجبۇرىيىتىنى تاپشۇردى.
شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئاقتاشلىق پالۋاننىڭ رومانتىك مەزمۇن بىلەن تولغان يېڭى
ھاياتى خېلى يىللارغىچە مۇشۇ ھاراب قەلئەسىنى قوغداش بىلەن ئۆتتى.
كاشان دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جايلاشقان بۇ كەنت يەكەن، يوپۇرغا،
يېڭىسار ۋە قەشقەر دائىرىسى بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئىستراتېگىيىلىك قورغان
ھېسابلىناتتى. ئۇزاق تارىختىن بۇيان، بۇ جاي ھەربىي سەركەردىلەرنىڭ تالىشىش
نۇقتىسى ئىدى. بۇ يەرنىڭ ئەسلىدىكى «ئاراب» دېگەن نامىنىڭ مەنىسىمۇ «ھەربىي
قەلئە»، «جەڭگاھ» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرەتتى. لېكىن بۇ ھەربىي قەلئە قوچقار
پالۋاننىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن يىللارنىڭ دەسلىپىدە جەڭگى-جېدەللەردىن
بىرقەدەر خالىي بولۇپ تۇردى. قوچقار پالۋان بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ
قىسىملىرىغا يېڭى ئۆي-ماكان سېلىش، پىدائىيلار ئىچىدىكى ساۋاتسىزلارنى
ئوقۇتۇش ۋە دېھقانلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق مەشغۇلاتلار بىلەن
ھەپىلەشتى.
كېيىنكى يىلنىڭ بارات ئېيى يېقىنلىشىپ، «ئوردام سەيلىسى» باشلىنىشقا ئازلا
ۋاقىت قالغان بىر كۈنىسى ھىدايى بىلەن ۋاڭ نىياز ئىككىسى قوچقار پالۋانغا
مەسلىھەت بېرىپ دېدى:
—
بىز ھارابقا ئورۇنلاشقىلى خېلى ئايلار بولدى. ئاتلىرىمىزنىڭ تاقىلىرىمۇ
داتلىشىپ قالاي دېدى. جەڭچى دېگەن يەر شارائىتى بىلەن تونۇشمىسا كېيىن
ھېچنېمىگە يارىماي قالىدۇ. ھېچبولمىغاندا «ئوردام سەيلىسى»نى بولسىمۇ كۆرۈپ
كەلمەمدۇق؟
ئوردام قەبرىستانلىقى ھاراب بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا، يىگىرمە تۆت
كىلومېتىر ئارىلىقتىكى چوڭ قۇم بارخانلىرى ئىچىگە جايلاشقان مەشھۇر مازار
بولۇپ، ھەر يىلى بارات ئېيىدا تەكلىماكان ئەتراپىدىكى ھەممە يەردىن نەچچە
مىڭلىغان كىشىلەر بۇ يەرگە سەيلە-ساياھەت ۋە دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن
كېلەتتى. ئۇنىڭ داڭقىنى قوچقار پالۋانمۇ ئاڭلىغانىدى. شۇڭا ئۇ
ئاغىنىلىرىنىڭ پىكرىگە دەرھال ماقۇل بولدى.
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ، ئۇلار تەقەززا بولغان قۇتلۇق دەقىقىلەر يېتىپ
كەلدى-دە، ئۈچەيلەن ئارغىماقلىرىغا مىنىشىپ «ئوردام» سەيلىگاھ مەنزىلىگە
يېتىپ باردى.
قۇم
بارخانلىرى قورشاپ تۇرغان ئوردام قەبرىستانلىقىنىڭ ئەتراپىدا ئادەم دېڭىزى
قاينىغانىدى. مەركىزىي مازارنىڭ چۆرىسى قېلىن ياغاچ تاختايلار بىلەن
قورشالغان، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ساخاۋەتخانا، تىلاۋەتخانا ۋە مەسچىت بىنالىرى
قەد كۆتۈرگەن، ئالدى ئوچۇق تۈزلەڭلىكنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىگە خۇتبە سۇپىسى
تۇرغۇزۇلغانىدى. بۇ جاينىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان ۋە بىر قېتىمدىلا چوڭ
كالىنىڭ گۆشىنى پىشۇرغىلى بولىدىغان مىس داش قازاننىڭ كۆركەم سالاپىتى
ساياھەتچىلەرنى تاڭ قالدۇراتتى.
ئۇزۇن ئۆتمەي، خۇتبە مۇنبىرىدە پەيدا بولغان چىرايلىق كىيىنگەن، كېلىشكەن
بىر يىگىتنىڭ قامەتلىك ئوبرازى ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ
قىلىۋالدى. ئۇ شۇ تاپتا جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن «ئوردام تەزكىرىسى»
توغرىسىدىكى تارىخىي قىسسەسىنى باشلىغانىدى.
—
تارىختا ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ئەسلىمىسى كىشىلەر خاتىرىسىدە مەڭگۈ قالىدۇ.
ئوردام تەزكىرىسى ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ مەڭگۈلۈك يادنامىسى. بىر
زامانلاردا بۇ يەردە ئوردا سۇلتانى سەئىد ئارسلانخان قوماندانلىقىدىكى
لەشكەرلەر بىلەن بۇددىست چېرىكلىرى ئارىسىدا قانلىق جەڭ بولغان. بىر ئاسىي
جادۇگەر ئايالنىڭ سەۋەبى بىلەن دۈشمەن چېرىكلىرى تاڭ سەھەرلىكتە ئوردا
سۇلتانى سەئىد ئارسلانخان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنى مۇشۇ يەردە تۇيۇقسىز
قورشىۋېلىپ، ھەممەيلەننى قەتلى قىلىۋەتكەن، ئۇلارنىڭ جەسىتى مانا مۇشۇ
يەرگە دەپنە قىلىنغان. بۇ جاينىڭ «ئوردام مازىرى» دەپ ئاتىلىپ، ھازىرغىچە
مۇقەددەس ئابىدە بولۇپ ئەسلىنىپ كېلىشى ئەنە شۇ سەۋەبتىن...
ناتىق يىگىتنىڭ ئاڭلىغۇچىلار قەلبىنى ھاياجانغا سېلىۋەتكەن نۇتقى
ئاياغلىشىپ مۇنبەردىن قايتىپ چۈشكەن ھامان قوچقار پالۋان ھەممىنىڭ ئالدىدا
يىگىتكە سالام بېرىپ، ئۇنىڭ تەسىرلىك نۇتقىغا بارىكاللا ئېيتتى. ئۇلار
ئۆزئارا تونۇشلۇق بېرىشتى ۋە قىزغىن پاراڭلاشتى.
ناتىق يىگىت — مەرىپەت چولپانى مەمتىلى ئەپەندى — تەۋپىق دېگەن كىشى ئىدى.
ئۇ تەكلىماكان ساھىلىدە مەرىپەت شامىنى ياندۇرۇش بۇرچى بىلەن
ئاقارتىش-تەرغىبات ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇۋاتقانىدى. يۇرتمۇيۇرت ئارىلاپ
مەكتەپ تەسىس قىلىش سەپىرىدە يېڭىساردىن ئىزچى ئوقۇغۇچىلىرىنى باشلاپ
زىيارەت ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەنىدى. قوچقار پالۋان بۇ قۇتلۇق كۈندە ئۆزىنىڭ
مۇشۇنداق بىر خاسىيەتلىك زات بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقىدىن ھاياجىنىنى
باسالماي قالدى. ئۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، بۇ يەردىكى زىيارىتىنى
قىسقارتىشنى قارار قىلدى-دە، تەۋپىق ئەپەندىنى باشلاپ قىلىچ بۇغراخاندىكى
قاراۋۇل گازارمىسىغا يۈرۈپ كەتتى.،
2
قوچقار پالۋان كوماندىرلىقىدىكى قىسىم گازارمىسى ھاراب بازىرىنىڭ شەرقىي
شىمالىغا تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان ئارىلىققا جايلاشقان قىلىچ
بۇغراخان مەھەللىسىگە جايلاشقانىدى. قوچقار پالۋان ئۆزىنىڭ مەخسۇس بۆلۈمىدە
تەۋپىق ئەپەندىنى ئازادە كۈتۈۋالدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىمالال سۆھبەتلەشتى.
ئۇ، ھازىر ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدا مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئوقۇمۇشلۇق زات —
تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ئوبرازىغا ھەۋەس بىلەن نەزەر تاشلىغىنىدا، كۆڭۈل
تەسەۋۋۇرىدىن مەرھۇم ئۇستازى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئوبرازى، سارداۋان
ئۈستىدە ئېيتىپ بەرگەن چىن تۆمۈر باتۇر ھەققىدىكى چۆچەكلىرى، تورغۇتلارنىڭ
نادام سەيلىسىدە بىرگە ئۆتكەن سەپەرداشلىق ھاياتلىرى كۆز ئالدىدىن ئۆتۈشكە
باشلىدى. ئەمدى بۈگۈن بۇ يېڭى ئۇستازنىڭ ئوردام مۇنبىرىدە سۆزلىگەن سۇلتان
سەئىد ئارسلانخان باتۇرنىڭ تەزكىرىسى توغرىسىدىكى ھېكايىسى بىلەن
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ سەرداۋان ھېكايىسىنىڭ بىر يىپقا تىزىلغانلىقىدەك
ئاجايىبات ئۇنى بەكمۇ تەئەججۈپلەندۈرۈۋەتكەنىدى.
غىزادىن كېيىن قوچقار پالۋان ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ۋە شائىر ئابدۇخالىق
ئۇيغۇرنىڭ تەرجىمىھالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى-دە، ئارقىدىن ئىنتىزارلىق بىلەن
تەۋپىق ئەپەندىنىڭ سۆزىنى كۈتتى.
—
مېنىڭمۇ، جۈملىدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭمۇ،– دەپ سۆزىنى باشلىدى تەۋپىق،–
مۇراد-مەقسىتىمىز ۋە غايىمىز پەقەت ئىلىم-مەرىپەت ئارقىلىق خەلقنى
جاھالەتنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش. مەن بۇ ھەقىقەتنى باشقا ئەللەرنى
كۆزىتىش ئارقىلىق بىلدىم. ئىلىم-پەندىن مەھرۇم بولغان خەلق قاششاقلىق
پاتقىقىدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدۇ ۋە مەڭگۈ ھۆرلۈككە ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭا مېنىڭ
بۇرچۇم پىداكارلىق بىلەن يېڭى مەكتەپ تەسىس قىلىپ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كۆز
نۇرىنى يورۇتۇشقا قارىتىلغان.
تەۋپىقنىڭ سۆزىدىن تەسىرلەنگەن قوچقار پالۋان تەكلىپ تەلەپپۇزىدا سۆز
قىستۇرۇپ دېدى:
—
بىزنىڭ بۇ يەردىكى پىدائىي يىگىتلىرىمىزگىمۇ ئاشۇنداق يېڭى مەرىپەت مەكتىپى
زۆرۈر ئىدى. بىراق مۇئەللىم مەسىلىسى...،– دەپ توختاپ قالدى.
— بۇ
مەقسەتلىرى جايىدا بولدى،– دېدى تەۋپىق جاۋابەن،– «نادان بىرنى يېڭەر،
بىلىملىك مىڭنى» دەيدىغان تەمسىلىمىز بار. بۇ نۇرغۇن ئەمەلىيەتلەر
سىنىقىدىن ئۆتكەن ھەقىقەت. بىز ھازىر سۆزلىشىۋاتقان مۇشۇ جاي — قىلىچ
بۇغراخان قەبرىسى بار جاي. قىلىچ بۇغراخان «قۇتادغۇبىلىك» ئىلمىنىڭ مۇخلىسى
ئىدى. قىلىچ بۇغراخان «قۇتادغۇبىلىك» دەستۇرىنىڭ تەلىمىگە تايىنىپ تۇرۇپ
دۈشمەن چېرىكلىرىنى نۇرغۇن قېتىم گۇمران قىلالىغان، ئەپسۇس، قىلىچ
بۇغراخاننىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى «قۇتادغۇبىلىك» دەستۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان
كۈنلەردىن باشلاپ خارۇزارلىق گىردابىغا چۈشۈپ قالدى. مۇشۇ ساۋاقلار
تۈپەيلىدىن سىلىنىڭ ھېلىقى تەكلىپلىرى بەكمۇ ئاقىلانە. بىراق، مەن ھازىر
ئاتۇشتا نۇرغۇن يېڭى مەكتەپ قۇرۇپ چىقتىم. ساۋاقداشلار مېنىڭ يولۇمغا تۆت
كۆزى بىلەن قاراشلىق. شۇڭا بۈگۈن سىلى بىلەن خوشلىشىشقا مەجبۇرمەن.
كېيىنچىرەك ئاتۇشتىن بىر مۇئەللىم ئەۋەتىشكە ۋەدە بېرىمەن.
ئىككىيلەننىڭ سۆھبىتى قىزىپ، ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈۋاتقان چاغدا سورۇن ئۈستىگە
قوچقار پالۋاننىڭ قەدىناس دوستلىرى ھىدايى بىلەن ۋاڭ نىياز ھەمدە پىدائىي
قىسىملاردىن خۇرسەن مۇھىددىن قاتارلىق كىشىلەر كىرىپ كەلدى، قوچقار پالۋان
ئۇلارنى تەۋپىق ئەپەندىگە بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرغاندىن كېيىن سۆھبەتنى يېڭى
بىر سوئالغا بۇراپ دېدى:
—
بىز بۇ يەرگە ئورۇنلاشقىلى خېلى چاغلار بولدى. ھازىرقى ۋەزىيەت خۇددى تۇمان
قاپلىغان ھاۋاغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. مەنزىلىمىزنىڭ باش- ئايىغىنى
كۆرەلمەيۋاتىمىز، ئۆزلىرىنىڭ پەرىزى قانداق؟
تەۋپىق ئەپەندى بۇ سوئالنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە كۈلكىسى
توختىغاندىن كېيىن جاۋابەن دېدى:
—
ئىشنىڭ بېشى سۈزۈك ئىدى، كېيىن بېرىپ-بېرىپ خۇددى خەلق ناخشىسىدىكىدەك ھاۋا
تۇمان بىلەن خىرەلەشتى. بۇ ئىشتا ئاڭسىزلىق، نادانلىق ۋە ئارىدا سۇخەنچىلىك
قىلىدىغان ئالا بايتاللار، چاڭقاپ ھالىدىن كېتىپ قېلىۋاتقان بۇ زېمىندا
قاباھەتلىك ئويۇن كۆرسەتمەكتە. بەزىلەر ئاسىيلىق قىلىپ قارماققا ئېلىندى،
بەزىلەر مەنسەپ ھېرىسلىقى بىلەن ئالداندى، بەزىلەر خەلقنى تالان-تاراج
قىلدى، ئالىم-ئۆلىمالار تەھدىت ئاستىدا قالدى. مۇشۇنداق تەھدىتنىڭ قارا
بۇلۇتى مانا ئەمدى ھەممىمىزنىڭ بېشىدا ئەگىپ يۈرۈۋاتىدۇ، مېنىڭ پەرىزىمچە،–
دېدى تەۋپىق سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،– ئۆز يولىنىڭ ھەقلىقىغا ئىشەنگەن ئادەم
ھەرقانداق مالامەتكە دۇچار بولغان تەقدىردىمۇ پىسەنت قىلمايدۇ. مېنىڭ
مەرىپەتپەرۋەرلىك يولۇم توغرا يول بولغىنى ئۈچۈن ئۆزۈمگە «تەۋپىق» دېگەن
تەخەللۇسنى ئېتىقاد ئابىدىسى قىلىپ تاللىۋالدىم. سىلەرمۇ ۋاڭ، پادىشاھ، بەگ
ۋە پاششاپلارنىڭ ئۈستىدىن ئىسيان كۆتۈرگەنىكەنسىلەر، ئەلۋەتتە ئۆز
يولۇڭلاردىن پۇشايمان قىلماسلىقىڭلار كېرەك. دۇنيادا ھەقىقەتكە ئاسىيلىق
قىلغاندىن ئارتۇق جىنايەت ۋە شەرمەندىچىلىك بولمايدۇ.
تەۋپىقنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندا ھەممەيلەن ئالقىش ياڭرىتىپ ئۇنىڭغا
مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتى. ئاخىرىدا قوچقار پالۋان بۇ مەرىپەتپەرۋەر
ئۇستازنىڭ شائىر، مۇزىكانت ۋە كۆپلىگەن مەكتەپ مارشىنىڭ ئىجادچىسى
ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى-دە، پىدائىي يىگىتلەرگە بىرقانچە ناخشا ئۆگىتىپ
قويۇشنى ئۆتۈندى، تەۋپىق بۇ تەكلىپنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى.
3
قوچقار پالۋان دوستى ھىدايىغا پىدائىي يىگىتلەرنىڭ دەرھال قىلىچ بۇغراخان
قەبرىسانلىقىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى مەشىق مەيدانىغا يىغىلىشنى چېكىلەپ
يولغا سالدى. ئۇزى تەۋپىق ئەپەندىنى باشلاپ مەيدان تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ
يولدا كېتىۋېتىپ يانچۇقىدىن خاسىيەتلىك پارقىراق «ئاق تاش»نى چىقاردى-دە،
شۇئان بىر نۇرنىڭ شولىسى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ قاياققىدۇر غايىب بولدى.
ئارقىدىنلا تورغۇت دۇلدۇلى گويا ئاسماندىن شۇڭغۇپ چۈشكەندەك كېلىپ، قوچقار
پالۋاننىڭ ئالدىدا توختىدى. بۇ كارامەت ۋە ئاجايىباتنى كۆرگەن تەۋپىق
ئەپەندى ھەيران قالدى-دە، زوقلىنىپ دېدى:
—
پالۋان يىگىت، ئۆزلىرىدە مۇنداقمۇ كارامەت مۆجىزە بار ئىكەن-دە؟
تەۋپىق ئاق بوز ئاتنىڭ قامىتىگە، ئۇنىڭ سەرخىل ئېگەر جابدۇقلىرىغا ھەۋەس
بىلەن قارايتتى ۋە توختىماي مەدھىيلەيتتى.
قوچقار پالۋان بۇ ماختاشلارغا مەستلىكى كېلىپ تەۋپىق ئەپەندىگە «ئاق
تاش»نىڭ خاسىيىتىنى ۋە تۇرغۇت دۇلدۇلىنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ تۇراتتى.
قاياقتىندۇر بىر ئېگىز بويلۇق، بوينىغا شەلپەر ياغلىق باغلىۋالغان بىر
ئوغۇل كېلىپ، ئۇلارنىڭ پارىڭىنى بۆلۈپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن دېدى:
—
تەۋپىق ئەپەندىم، سىلىنى ئىزچى بالىلار ھاراب بازىرىدا ساقلاپ قالدى!...
—
ناھايىتى ياخشى، دەل ۋاقتىدا كەلدىڭىز، ئاۋۋال سىز تېز بېرىپ ئۇلارنى مۇشۇ
مەيدانغا باشلاپ كېلىڭ!
تەۋپىق ئەپەندىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھېلىقى بالا ئارقىسىغا بۇرۇلدى-دە،
ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. ھاراب بازىرى بىلەن بۇ يەرنىڭ ئارىلىقى ئانچە
يىراق ئەمەس ئىدى. ئىزچى بالىلار ناھايىتى تېزلا مەيداندا ھازىر بولدى. بۇ
مەيدانغا ئاۋۋال توپلىنىپ تۇرغان پىدائىي يىگىتلەر — ئىزچىلارنى قىزغىن
چاۋاك بىلەن قارشى ئالدى. قوچقار پالۋان چاققانلىق بىلەن ئات ئۈستىگە
چىقتى-دە، كوماندا بېرىپ سەپنى رۇسلىدى. تەۋپىق ئەپەندى ئىزچى بالىلارنى
سەپنىڭ ئالدىدا رەتلىك تىزىپ ئۆزىنىڭ مۇنەۋۋەر ئىجادىيىتى بولغان تۆۋەندىكى
بىرقانچە مەكتەپ ناخشىلىرىنى كوللېكتىپ ئورۇنداشنى باشلىۋەتتى:
* *
سەن
كىمنىڭ ئوغلىسەن، ئويلىساڭچۇ
سەن
كىمنىڭ ئوغلىسەن، ئويلىساڭچۇ،
ئىززىتىڭ-ھۆرمىتىڭ كەم بولۇرمۇ؟
كۆكرىكىڭدىن يېنىپ تۇرمىسا ئوتلىرىڭ،
ئەللىرىڭ-يۇرتلىرىڭ نۇر بولۇرمۇ؟
سەن
كىمنىڭ ئوغلىسەن، ئويلىساڭچۇ،
ئىززىتىڭ-ھۆرمىتىڭ كەم بولۇرمۇ؟
تىغ
ئېلىپ ئاتلىنىپ جەڭ قىلمىساڭ،
يۇرتلىرىڭ-خەلقلىرىڭ ھۆر بولۇرمۇ؟
* *
ئويغان خەلقىم
ئويغان خەلقىم، يۇرتۇڭنى سەن قۇتۇلدۇر،
مەكتەپ بىلەن چىراغ يېقىپ نۇر تولدۇر.
پۈتسۇن ئەمدى زۇلمەت دەۋرى ئىستىبدات،
شۇم
تەقدىردىن، قارا كۈندىن بول ئازاد.
سائادىتىڭ ئۈچۈن تىرىش، ھىممەت قىل،
پەرزەنتلەرنى ئاقارتىشقا جۈرئەت قىل.
دوست
تۇر ئەمدى ئاتلان ئېرپان يولىغا،
ھۇما
قۇش قونسۇن ئەۋلاد قولىغا.
......
جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن ئوقۇلغان بۇ مارشلارنىڭ ساداسى مەيداننى لەرزىگە
كەلتۈرگەنىدى. ئىزچى بالىلار خوشلىشىپ ماڭغاندا پىدائىي يىگىتلەرنىڭ
كۆزلىرىدىن ياشلار توختىماي ئېقىپ تۇراتتى.
4
ھارابتىكى گازارما تۇرمۇشىغا بەزىدە يۇقىرىقىدەك مەنىلىك مەزمۇنلار قوشۇلۇپ
تۇرغاچقا، دېھقان بالىلىرى بۇنىڭدىن بەكمۇ سۆيۈنۈپ، روھىي ئوزۇق ئالاتتى.
لېكىن، ئايلار، پەسىللەر ئالمىشىپ ئۆتۈۋەرگەنسېرى ئايىغى كۆرۈنمەيدىغان
كېچىلىك نۆۋەتچىلىك، كۈندۈزلۈك ئېغىر مەشىق ئۇلارنى زېرىكتۈرۈپ باراتتى.
قاتتىق ئىنتىزام، كۈنمۇكۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاتلىق مەشىق جەريانىدا
يىگىتلەرنىڭ بەزىلىرى پۇت-قوللىرىدىن ئايرىلىپ قالاتتى. ياندۇرقى يىلى
ئەتىياز پەسلىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ئات مەشىقىدە قوچقار
پالۋاننىڭ دوستى ۋاڭ نىياز ئاتتىن يېقىلىپ چۈشۈپ ئاشۇنداق بالا-قازاغا
ئۇچرىدى. ھارابتىكى سۇنۇقچىلار كېلىپ تېڭىپ باقسىمۇ كار قىلمىدى. قوچقار
پالۋان ئاخىرى مەھمۇت سىجاڭنىڭ خۇسۇسىي دوختۇرى ۋە مەسلىھەتچىسى بايئاخۇن
ئەزىزىگە خەت يېزىپ بىر ئۇستىراق تېڭىقچى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. ئارىدىن
بىرقانچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، قەشقەردىن كېلىدىغان تېڭىقچىنىڭ قارىسى
كۆرۈنمەيتتى. ۋاڭ نىياز سۇنۇق ئاغرىقىغا چىدىيالماي ئاللا-توۋا سالاتتى.
قوچقار پالۋان ئۇنىڭدىن بەكرەك تىت-تىت بولاتتى.
باش
ئەتىياز مەزگىلى، ھاۋا قىزىشقا باشلىغان، توڭلار ئېرىپ، دېھقانلار يازغى
بۇغداي تېرىشقا ئالدىراۋاتقان چاغ ئىدى. قوچقار پالۋان دوستىنىڭ كېسىلىگە
قارايدىغان مەخسۇس مۇلازىم بەلگىلەپ قويۇپ، ھىدايىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ
بىنام مەھەللىسىگە قاراپ ماڭدى.
—
بىز بۈگۈن ئازادىرەك سىردىشىۋالايلى، دوستۇم.
قوچقار پالۋان ئالدىن ئېغىز ئېچىپ ئىچ-سىرىنى تۆكۈشكە باشلىدى:
—
مېنىڭ ھەر كۈنى چۈشۈم بۇزۇلۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. قانداقتۇر بىر پاراكەندىچىلىك
يېتىپ كېلەمدۇ، نېمە؟
—
ۋاڭ نىيازنىڭ پۇتى سۇنغانلىقىغا قاراپ ئاشۇنداق چۈش كۆرگەنسەن ھەرقاچان،
بولمىسا چۈشۈڭ نېمىگە بۇزۇلىدۇ؟
ھىدايى ئېرەن قىلمىغاندەك يۈزەكىلا جاۋاب بەردى. لېكىن قوچقار پالۋان بۇ
تاپتا بۇنداق يۈزەكى جاۋابقا كۆنمەيتتى. ئۇنىڭ بۇزۇلۇۋاتقان چۈشى ھازىرقى
ۋەزىيەت تەقەززاسىنىڭ مېڭە ھۈجەيرىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن جىددىي ئىنكاسى
ئىدى.
ئۇلار چۈش تەبىرىنى سۆزلىشىپ مېڭىپ بىنام مەھەللىسىدىكى ئېتىز بېشىغا يېتىپ
كەلگىنىنى تۇيماي قېلىشتى. قىزىل توپىلىق بۇ ئېتىز بېشىغا ياغاچ ساپان
قوشۇلغان كالىسىنى توختىتىپ قويۇپ، مانا كۆڭلەك پېشىگە قاچىلاپ كەلگەن
بۇغداي ئۇرۇقىنى تاۋلاشقان ئېتىزىغا ئوڭ قولى بىلەن چېچىۋاتقان ئاقساقال
دېھقاننىڭ پېشانىسىدىن تەر-مۇنچاقلىرى توختىماي ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،
ئىككىيلەن تەڭلا ئىزىدا توختاشتى. دېھقان ياردەمچىسى يوق، ئۆزى تىكەندەك
يالغۇز ئەمگەك قىلىۋاتاتتى.
—
قېنى، دوستۇم ھىدايى، ئاقساقال دېھقان تاغىمىز يالغۇزچىلىق تارتىپ
قېلىۋېتىپتۇ. قوش ھەيدىيەلەيدىغانسەن؟ نېمىگە قاراپ تۇرىسەن، تاغىمىزغا
ياردەم بېرەيلى.
قوچقار پالۋان سۆزلەپ بولغۇچە ھىدايى يۈگۈرۈپ بېرىپ ساپاننى قولىغا
ئالدى-دە، ئۇرۇق چېچىلىپ بولغان يەردىن باشلاپ ئاغدۇرۇشقا باشلىدى. ھىدايى
قامەتلىك ئۆسكەن دېھقان بالىسى ئىدى. ئۇزۇنغا قالمايلا ئۇرۇقنىڭ چېچىلىپ
بولۇشىغا ئۈلگۈرتۈپ ئېتىزمۇ ھەيدىلىپ بولدى-دە، ئۇلار قىر بېشىغا كېلىپ
ئولتۇرۇپ دەم ئالغاچ ھال-مۇڭ بولۇشتى.
—
تاغا، بۇ ئېتىزنىڭ توپىسى نېمە ئۈچۈن بۇنداق تېگى-تېگىدىن قىزىل؟
ھىدايى ئېغىز ئېچىپ ئاقساقال دېھقاندىن كوچىلاپ سورىدى. دېھقان بىر
كۈلۈۋېتىپ جاۋاب بەردى:
—
بەللى، ھەق جاينى تېپىپ سورىدىلا، ئۇكام، بۇ ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى بىز
ھارابىلىقلار چۈشىنىمىز، بىزنىڭ بۇ جاي ئەزەلدىن بىر جەڭگاھ ماكان.
پېشانىمىزگە ئەلمىساقتىن شۇنداق پۈتۈلگەنمۇ، ئۇ بىزگە قاراڭغۇ، بۇ يەردە
كۆپ قانلار تۆكۈلگەن. ئوردام شېھىتگاھلىقى، قىلىچ بۇغراخان شېھىتگاھلىقى
ئۇنىڭ شاھىتى. بۇرۇن-بۇرۇنىسىدا بىر زېمىن ئەلۋەك، بۈك-باراقسان ئىكەن.
مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئەتراپى قۇم بارخانلىرى ئاستىدا قالدى. يىراقنى قويۇپ
يېقىنقى ۋەقەلەرنى سۆزلىسەك، بەدۆلەت لەشكەرلىرىمۇ، شامەنسۇر ئەسكەرلىرىمۇ
ۋە باشقا نۇرغۇن ئاتارمەنلەرمۇ بۇ جايدا قان تۆككەن. تۇپراقنىڭ قىزىل رەڭگى
ئەنە شۇنىڭدىن گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە نېمە ئىشلار يۈز
بېرىدۇ، ئۇنى ئاللا ئۆزى بىلىدۇ.
ئاقساقال دېھقان سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە قاياقتىندۇر بىر قىزىل تۇمشۇق
قاغا ئۇچۇپ كېلىپ قىر بېشىغا قوندى-دە، قاقىلداپ سايراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ
خىرە ئاۋازى خۇنۈك ئاڭلىناتتى. بۇ قىزىل تۇمشۇق قاغىنىڭ بىمەھەل ئۇچۇپ
كېلىپ، بىمەھەل ۋاقتىدا سايراشقا باشلىغانلىقى بىرەر شۇملۇقنىڭ ئالامىتى
ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇڭدىشىش سۆھبىتى مۇشۇ نۇقتىغا مەركەزلىشىۋاتقان چاغدا
گازارما تەرەپتىن بىر يىگىت ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كېلىپ قوچقار پالۋانغا چاس
بەردى-دە، دوكلات قېلىپ دېدى:
—
شەھەردىن چىققان تېڭىقچى دوختۇرلار سىلىنى ساقلاپ قالدى.
قوچقار پالۋان بىلەن ھىدايى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان ئاقساقال دېھقان
بىلەن خوشلاشتى ۋە ئالدىراپ گازارما شتابىغا قايتتى. گازارما شتابىنىڭ
يېنىدا بايئاخۇن ئەزىزى بىلەن تېڭىقچى دوختۇر ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغانىدى.
قوچقار پالۋان مېھمانلىرىنى شتاب ئىشخانىسىغا باشلاپ كىرىپ قىزغىن
كۈتۈۋالدى. ئۇلار ئاۋۋال ۋاڭ نىيازنىڭ سۇنۇقى توغرىسىدا سۆزلەشتى. ئارقىدىن
كېسەلنىڭ سۇنۇقىنى تەكشۈردى. تېڭىقچى دوختۇر ۋاڭ نىيازنىڭ سۇنۇقنى
تەكشۈرۈۋاتقان مەھەلدە بايئاخۇن ئەزىزى بېشارەت بېرىپ، قوچقار پالۋاننى
يالغۇز سىرتقا ئاچىقتى-دە، ئىككىيلەن ئۇزۇنغىچە مەخپىي سۆزلەشتى. مەھمۇت
مۇھىتىنىڭ بۇ خۇسۇسىي دوختۇرى ئۇزۇن ئۆتمەي ئالدىراپ-تېنەپ ئۆزى تەنھا
شەھەر ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
«چۈشۈمنىڭ بۇزۇلۇشى، قاغىنىڭ سايرىشى مانا ئەمدى ئۇختىسىغا كەلدى» دېدى
قوچقار پالۋان ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەپ...
تېڭىقچى ۋاڭ نىيازنىڭ سۇنۇقىنى قايتىلاپ تېڭىپ، دورا ئىچۈرۈپ، ئۇنى
ئۇخلىتىپ قويغاندىن كېيىن قوچقار پالۋان تېڭىقچىنى ياتىقىدا مەخسۇس
كۈتۈۋالدى. تاماق ئارىسىدا ئۇلار نازۇك سىرلارغىچە بىمالال سىرداشتى.
تېڭىقچى بولسا شەھەر ئىچىدە بايئاخۇن ئەزىزىنىڭ يېقىن كۆز-قۇلىقى بولغىنى
ئۈچۈن ئىچكى ئەھۋاللاردىن تولۇق خەۋەردار ئىدى.
—
يېقىندىن بۇيان سەركەردىمىزگە بىرەر دىشۋارچىلىق يىتىۋاتامدۇ، نېمە؟
تېڭىقچى ئۆزىگە قويۇلغان بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرمىدى. ئۇ
ھېلىلا بايئاخۇن ئەزىزنىڭ ھەممىنى قوچقار پالۋانغا مەخپىي يەتكۈزگەنلىكىنى
سېزىپ تۇرغانىدى. شۇڭا، ئۇ لىللا جاۋاب بېرىپ دېدى:
—
شۇنداق، پالۋان، «يېغى ياندىن، بالا قېرىنداشتىن» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز
ئەمەلدە ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ، دۆيۈزلەر ھازىر مەھمۇت مۇھىتىنى مۇھاسىرىگە
ئېلىۋالدى. خوجىنىياز ھاجى ھەر ھەپتىدە بىر پارچە خەت يېزىپ «ئۈرۈمچىگە
كەل، دۇبەنگە ئەل بول، ساڭا چوڭ مەنسەپ بېرىلىدۇ» دەپ قىستايدىكەن، يەنە
شورادا ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن بۇرۇنقى ئەگەشكۈچىلىرى ھەدېگەندە ئۇنىڭ پېيىنى
قىرقىشقا قەستلەۋېتىپتۇ. ھەتتا مەخپىي تىغ كۆتۈرۈشنىمۇ پەمىلەۋېتىپتۇ. ئالا
بايتاللارنىڭ بۇ ھىيلە-مىكرىنى سەركەردىمىز سەزگۈرلۈك بىلەن بىلىپ تۇرسىمۇ،
لېكىن، ئۇ بېشىنىڭ تۈكىدىن تولا دەرد-ئەلەم دەستىدىن ئازابلىنىپ، ئارامخۇدا
ئۇخلىيالمايۋېتىپتۇ، ئەھۋال بولسا مانا شۇنداق، بۇرادەر، كوچا-كويلاردىمۇ
مىش-مىش گەپلەر، ئەپقاچتى ياۋا پاراڭلار قۇمدەك ئۇچۇپ يۈرۈشىدۇ.
تېڭىقچىنىڭ جاۋابى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قوچقار پالۋاننىڭ رەڭگى بىردىنلا
ئۆڭۈپ، چىرايى تاتارغاندەك بولدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئادالەتسىز
تەقدىرگە بولغان نەپرەت ئىسيانى مۇجۇماقتا ئىدى. بىر مەھەلدىن كېيىن، ئۇ،
تېڭىقچىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ دېدى:
—
چۈشەندىم، ئۇستام، ھەممىنىڭ تېگىگە يېتىپ بولدۇم، بىز ھازىرچە ‹‹بولۇر بىر
گەپ›› دەپ تۇرايلى، ئىككىنچى گەپكە كەلسەك ئۆزلىرى تاڭغان سۇنۇق پۇتنىڭ
ساقىيىشى قانداق بولار؟
—
بىمارنىڭ پاچاق سۆڭىكى ئىككى يېرىدىن سۇنغان. مەن سۇنۇقنى ئىزىغا چۈشۈرۈپ
ئوبدان تېڭىپ قويدۇم. ئىنشائاللا يېرىم ئايغا قالماي ئاتقا ئۆزى
مىنەلەيدىغان ھالغا كېلىدۇ. شۇڭا مېنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشۇممۇ ھاجەتسىز، ئۇنىڭ
ئۈستىگە شەھەردە مېنى كۈتۈپ تۇرغان سۇنۇق كېسەللەرمۇ خېلى كۆپ كۆپ، ئىلاجى
بار بۈگۈن ئاخشام كېتىۋېلىشىمغا ئىجازەت بېرىشسىلەر.
قوچقار پالۋان تېڭىقچى ئۇستامنىڭ پىكرىگە ماقۇل بولدى- دېدى، ئۇنىڭغا چىن
قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ئۇزىتىپ قويدى.
5
ھاراب گازارما شتابىدا بۈگۈن پەيدا بولغان كەيپىيات جىددىيىلىكى ئادەتتىكى
پىدائىي يىگىتلەردىن ئىنتايىن مەخپىي تۇتۇلدى. قوچقار پالۋان بىلەن ھىدايى
— ئىككىيلەنلا بىلىدىغان بۇ مەخپىيەتلىكنى ئۈچىنچى شەخس سىزىپ قالىدىغان
بولسا بىر چوڭ پالاكەتچىلىك يۈز بېرىدۇ، دەپ پۈتۈشكەنىدى. ئەمما بۇيرۇق
مەخپىي تۇتۇلغاندىمۇ، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىجراسى كۈنتەرتىپكە قويۇلغاندا،
ئىككىنچى بىر جىددىيلىك كېلىپ چىقاتتى. قوچقار پالۋان قاتتىق تارتىپ
تۇرغۇزۇش ئارقىلىق سىر ساقلاش تەدبىرىنى قوللانىدى. گازارما ياتاقلىرىنى
يېرىم كېچىلەردە تۇيۇقسىز چارلاپ كىرىپ، شەخسەن ئۆزى بىۋاسىتە يوقلىما
قىلاتتى. تاغارچى مەھەللىسىدىكى بىر خوتۇن بىلەن ئاشنا ئويناپ كېچىسى
كەلمىگەن بىر يىگىتنى شۇئان تاپتۇرۇپ كېلىپ جازالاپ پەندىياد يېگۈزدى– دە،
پۈتۈن يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىبرەت قىلدى. ئاندىن ھارابتىكى ئىشلارنى
ھىدايىغا ھاۋالە قىلىپ، ئۆزى يىگىرمە نەچچە يىگىتنى باشلاپ ياپچان
قاراۋۇلخانىسىغا ئاتلىق يۈرۈپ كەتتى.
ياپچان قەدىمدىن قەشقەر بىلەن يېڭىسارنى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ يول ئۈستىكى
مۇھىم لەڭگەر ئىدى. ئۇنىڭ ئەتراپى ‹‹تېرەك بوستان›› قاتارلىق قويۇق ئورمان
بىلەن قاپلانغان. قاراۋۇللار بۇ يەرگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ ئىككىنچى كۈنىسى
يېڭىسار تەرەپتىن قەشقەرگە ماڭغان بىر ئاتلىق گۇماندار كىشىنى تۇتۇۋېلىپ
يېنىدىن بىر پارچە خەتنى تېپىۋالدى. بۇ خەتتە:
‹‹مەھمۇت سىجاڭ ئوۋ قىلىش باھانىسى بىلەن يېڭىسارغا كېلىپلا، بۇ يەردىكى
لەشكەرلىرىنى كۆكيار ئارقىلىق ھىندىستانغا ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن تاڭ سەھەردە
يۈرۈپ كەتتى››
دېيىلگەنىدى. قوچقار پالۋان بۇ ئاخباراتنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن
ياپچاندىكى قاراۋۇللۇق ئىشىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ھېلىقى گۇماندار كىشىنى
ئالدىغا سېلىپ يېڭىسارغا يېتىپ باردى. مەھمۇت مۇھىتى راستتىلا بۇ يەردىن
يۈرۈپ كەتكەنىدى. ئابدۇنىياز قەشقەردە مەلۇم خاتالىق ئۆتكۈزۈپ يېڭسار
قاماقخانىسىغا قاماپ قويۇلغان مويىدىن تۇەنجاڭنى تۈرمىدىن بوشىتىپ ئۆزىنىڭ
سېپىگە قوشۇۋالدى. ئۇ ئاندىن ھايال بولماي يېڭىساردىن ھارابقا قايتىپ
كەلدى-دە، بۇ يەردە ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان بىر ليەن قوشۇننى باشلاپ يەكەنگە
قاراپ ماڭدى. ئۇ يەكەن بازىرى ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ
كۆكيار ئارقىلىق لاداخقا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېنىق بىلدى. لېكىن ئۇ
ياپچاندا تۇتۇۋالغان ھېلىقى ئاخباراتچىنى سوراق قىلىشنى ۋاقتىنچە كەينىگە
قالدۇرۇپ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن خەلقنىڭ رايىنى تىڭتىڭلاپ كۆرۈش ئۈچۈن
بىرنەچچە سائەت بازار ئارىلىدى. ما جەمەتى ۋە باشقا توپىلاڭچىلارنىڭ
ئۈستى-ئۈستىگە سالغان ئالۋان-ياساقلىرى دەستىن پۇقرالارنىڭ چىدىغۇچىلىكى
قالمىغانىدى.
ئۇ
كوچىنىڭ بىر بېشىدا بۈك-باراقسان شاخلانغان بىر تۈپ سۈگەت سايىسى ئاستىغا
توپلانغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كەلدى-دە، بىر ئوتتۇرا ياش پالچىنىڭ داق يەر
ئۈستىدە پالغا تەبىر بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى. قوچقار پالۋان بۇ
يەردە پالچىدىن بىر قېتىملىق مۇھىم دەرس ئاڭلىغاندەك بولدى. پالى مۇنداق
دېگەنىدى:
مەھمۇت سىجاڭ ‹‹ئوۋغا چىقتى›› ئوۋ قىلمىدى،
دۈشمەنلىرى سېزەلمىدى — قوغلىمىدى.
شۇنچە نۇرغۇن ئەل –قوۋمنى تاشلاپ كەتسە،
پالدا ئايان — پىر ئەۋلىيا قوللىمىدى.
پالچىنىڭ ئاغزىدىن ئاشۇ تەبىرنى ئاڭلاپ، بۇ خەۋەرنىڭ خەلقىئالەم ئىچىدە شۇ
قەدەر تېز تارقىلىپ كەتكەنلىكىدىن ھەيران بولاتتى. ئۇ ساقال-بۇرۇتىنى
ياسىتىش ئۈچۈن كونا بازاردىكى بىر چوڭ ساتىراشخانا ئىچىگە كىردى. بۇ يەردە
نۆۋەت ساقلاپ ئولتۇرغان ئادەملەر خېلى كۆپ ئىدى. ئاشۇ كۈنلەردە
ساماۋارخانا، ساتىراشخانىلار ھەرخىل ئۇچۇر-خەۋەر ۋە ئەپقاچتى گەپلەرنىڭ
ئۇۋىسى ئىدى. قوچقار پالۋان دەل ئاشۇنداق گەپلەرنىڭ داستىخانىغا داخىل
بولدى.
—
ھوي، ئاڭلىدىڭلارمۇ، مەھمۇت سىجاڭنى ھىندىستانغا قېچىپ كېتىپتۇ، دەيدىغۇ؟
—
ئاڭلىمامدىغان، بالدۇرراق جېنىمنى بىر چەتكە ئالاي دېگەندۇ...
—
زامان دېگەن نېمىغۇ تىكىشى توختىمايدىغان ئەسكى چاپانغىلا ئوخشايدىكەن...
قوچقار پالۋان بۇ قىزىق پاراڭلارنى زوقلىنىپ ئاڭلىدى، نۆۋىتى كېلىپ
ساقال-بۇرۇتىنى ياسىتىپ بولغاندىن كېيىن يەكەندىكى يېڭى گازارمىغا قايتىپ
كەلدى.
يەتتىنچى باب
كاچۇڭدىكى چۈش
1
ياپچاندا قولغا چۈشۈرۈلگەن ئاخبارات، پىرىيانە يەكەن پالچىسىنىڭ تەبىرى
ھەمدە سەركەردىنى كۆكياردا ئۇزىتىپ قويۇپ قايتىپ كەلگەن ئەسكەرلەر تىلىدىن
ئاڭلىغانلىرى قوچقار پالۋاننى بىئارام قىلىۋەتتى. ئۇ ئەسلىدە ‹‹ھاراب ۋە
ياپچاندىكى قاراۋۇللۇق بۇرچىنى پەقەت يېڭىسار ۋە قىزىل ئەتراپىدا ئوۋ
قىلىۋاتقان سەركەردىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىۋاتىمەن›› دەپلا چۈشىنەتتى. ئۇ
يەكەندە يەنە مەھمۇت مۇھىتىنىڭ كۆكياردىن ما جەمەتىگە يازغان تۆۋەندىكى
خېتىدىن ۋاقىپ بولدى-دە، ئۇنىڭ كاللىسى تېخىمۇ قېيىپ كەتتى.
‹‹مەن شېڭ جەمەتى ۋە ئىسھاق تاغامغا بويسۇنماي ئىسيان كۆتۈرۈپ قەشقەردىن
يېنىپ چىقتىم. بىز كاچۇڭدا سۆھبەتلەشسەك، ۋەكىل ئەۋەتسەڭلار...››
ئەمەلىيەتتە بۇ خەتنىڭ ‹‹ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا›› دىن ئىبارەت
ھىيلە ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ قالغانىدى. ئەمما ما جەمەتى بۇ خەتكە
ئىشىنىپ، سۆھبەت ۋەكىلىنى بەلگىلەپ قاغىلىقتا كۈتۈپ تۇراتتى.
ئۇنىڭدىن سىرت مەھمۇت مۇھىتىنى لاداخقا ئۇزىتىپ قايتقان ئەسكەرلەر،
جۈملىدىن ھەرجايدا تارقىلىپ يۈرگەن پىدائىي يىگىتلەرنىڭ ھەممىسىلا كاچۇڭ
تەرەپكە قاراپ ماڭغانىدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە قوچقار پالۋان ھاراب
چەۋەندازلىرىنى باشلاپ كاچۇڭغا قاراپ ئاتلاندى.
يەكەننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بۇ تاغلىق كەنت چارۋا، ئاشلىق ۋە مېۋە-
چېۋىگە باي باياشات جاي ئىدى. ساغلام تەبىئەت بەخشىدىن بەستلىك ئۆسكەن
ئەر-ئاياللىرى شاۋقۇنلۇق زەرەپشان دەرياسىدىن پەخىرلىنەتتى. بۇ ئۇلۇغ دەريا
ئۇلارغا ئابىھايات ئاتا قىلغاندىن سىرت، كاچۇڭلۇقلار ئۇنىڭ ئېقىنىدىن ھەر
يىلى تاۋاقلاپ ئالتۇن سۈزۈۋالاتتى. تەبىئەت ئەۋزەللىكىدىن بەھرىمەن بولغان
كاچۇڭلۇقلار بۇ يەرگە جەم بولغان مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي يىگىتلەرنى بىمالال
تەمىنلەپ تۇرغانىدى. بىراق، سەركەردىسىدىن ئايرىلغان بۇ دېھقان يىگىتلەر
‹‹بۇنىڭدىن كېيىن نېمە قىلىش كېرەك؟›› دېگەن جىددىي مەسىلىگە دۇچ
كەلگەنىدى.
كاچۇڭ كەنت بازىرى يېنىدىكى تۈزلەڭلىككە پەيدىن يۇقىرى دەرىجىلىك
ئوفىتسېرلار توپلاندى ۋە يۇقىرىدىكى تېمىنى چۆرىدەپ كېڭەش ئېلىپ باردى.
ھەممەيلەن بىر نىيەتتە: ‹‹بىر قەدەم ئارقىغا چېكىنمەيمىز، شېڭ جاللات بىلەن
بىر تامچە قېنىمىز قالغۇچە ئېلىشىمىز›› دېگەن قارارغا كەلدى. ئاخىرىدا
سايلام ئېلىپ بېرىلدى. ئالدى بىلەن مويىدىن تۈەنجاڭ نامزات كۆرسىتىپ دېدى:
—
چاروپايلارنىڭ سەركىسى بولىدۇ، يىگىتلەرنىڭ يىگىتۋېشى بولىدۇ، جەڭچىلەرنىڭ
سەركەردىسى بولىدۇ. ئەقىل-پاراسەت ۋە باتۇرلۇقتا ھەممىمىزدىن يۇقىرى
تۇرىدىغان ئابدۇنىياز كامالنى سىجاڭلىققا كۆرسىتىمەن، قېنى كۆپچىلىك نېمە
دەيدىكىن؟
مويىدىننىڭ بۇ تەكلىپىنى كۆپچىلىك بىر ئاۋازدا تەستىقلىدى. شۇنداق قىلىپ،
قوچقار پالۋان مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي يىگىتلەرنىڭ باش كوماندىرى بولۇپ
قالدى. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئابدۇنىياز سىجاڭ دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.
شۇ
كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە شۇ تۈزلەڭلىكتە ئەسكەرلەرنىڭ ئومۇمىي يىغىنى
ئېچىلدى، يېڭى سىجاڭ سۆزگە چىقىپ دېدى:
—
بىز ھەممىمىز قايتىدىن بىر سەپ بولۇپ ئۇيۇشتۇق. ئەگەر سېپىمىزدىن ئايرىلىپ
يۇرتۇمغا كېتىمەن دېگۈچىلەر بولسا رۇخسەت، ‹‹پىدائىيلىق يولىدا ئاداققىچە
ماڭىمەن›› دېگەن ئىرادە بىلەن كۈرەشكە ئاتلىنىدىغان يىگىتلىرىمىز ئالدىدا
مەن ھازىر تۆۋەندىكى ئىنتىزامنى ئېلان قىلىمەن:
بىرىنچى، ھەرقانداق يىگىت قوماندانلىققا بويسۇنۇشى شەرت.
ئىككىنچى، ھەرقانداق يىگىت خەلقنىڭ مال-مۈلكىگە تەگمەسلىكى شەرت.
ئۈچىنچى، ھەرقانداق شەخس خەلقنىڭ خوتۇن-قىزلىرىغا قەتئىي يامان نىيەتتە
بولماسلىقى شەرت.
تۆتىنچى، ھەرقانداق يىگىت يارىدار سەپدىشىنى قوغدىشى شەرت.
بۇ
تۆت شەرتكە بارلىق پىدائىي يىگىتلەر ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىر ئېغىزدىن
بىلدۈرۈشتى.
ئارقىدىنلا، ئۇ قىسىملىرىنى قايتىدىن تەشكىللەپ ۋە ئۇلارنى تۆت تۇۋەنگە
ئايرىپ، ھەربىر تۇەننىڭ كوماندىر ۋە مۇئاۋىن كوماندىرلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى
ئېلان قىلدى. شۇنداق قىلىپ يېڭى تەشكىللەنگەن «كاۋچوك دېۋىزىيىسى» بارلىققا
كەلدى. ئاخىرىدا ئۇ يەنە مويىدىننى قوشۇمچە ئۆزىنىڭ سەنمۇجاڭلىقىغا، ئەينى
زاماندا ئىختىساسلىق دەپ تونۇلغان ئاتۇشلۇق ئابدۇقادىر ھاجى ئۆزىگە مۇشاۋىر
قىلىپ تاللىۋالدى.
2
مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ھىندىستانغا ئۆتۈپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ خاپا بولغان ما
جەمەتى كاچۇڭغا ۋەكىل ئەۋەتىشتىن يالتىيىپ، قاغىلىقتا كۈتۈپ تۇرغانىدى.
كېيىن ئۇلار يېڭى دېۋىزىيە كوماندىرى ئابدۇنىيازنى قاغىلىققا تەكلىپ قىلدى.
ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى قاغىلىق ھاكىم مەھكىمىسى زالىدا ئېلىپ بېرىلدى. ما
جەمەتىنىڭ سەركەردىسى ما جيەن (ما جۇڭيىڭنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېرى) سۆھبەت
باشلىنىشى بىلەن تەڭلا قورساق كۆپۈكىنى تۆكۈپ دېدى:
—
قارىمامدىغان، ... مەھمۇتمۇ تازا سېھىرگەر بىر نېمە ئىكەن. بىز بىلەن
كاچۇڭدا سۆزلىشىمىز، دەپ خەت يېزىپ، دوپپىمىزغا جىگدە سېلىپ قويۇپ، چەت
ئەلگە تىكىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بايىقى ئىسھاق تاغا دەيدىغان بىر
نېمەڭلەر نەچچە رەت قەسەم ئىچىپ، مېنى تەكلىپ قىلىپ ئاچىقىپ، ئارقىدىنلا
ھەش-پەش دېگۈچە ۋاپاسىزلىق قىلىپ جاللات شېڭ شىسەينىڭ دامىغا چۈشۈپ، قورچاق
مۇئاۋىن رەئىسلىك مەنسىپىنى دەپ ھەممىمىزنى سېتىۋەتتى. بۇ گېپىمنىڭ
چىنلىقىغىمۇ ئىشىنىدىغانسىز؟
ما
جيەن سوئال نەزىرى بىلەن ئابدۇنىياز كامالنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدى. ئۇ
دەسلىپىدىلا سۆھبەتدىشىنىڭ يۈرىكىنى چېكىپ كۆرمەكچى بولغانىدى. ئابدۇنىياز
كامال ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ بىرمەھەل سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن سۆز
تىزگىنىنى نۆۋەتتىكى نىشانغا بۇراش غەرىزىدە تۆۋەندىكى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا
قويدى:
—
مېنىڭچە شېڭ شىسەينىڭ دامىغا چۈشۈپ، دېھقانلارغا ئاسىيلىق قىلغانلارنى
تارىخ ئۆزى جازالىشى مۇمكىن مەن شېڭ جاللاتنىڭ ئۇستازىم ئابدۇخالىق
ئۇيغۇرنى ھەم باشقا دېھقانلارنى قانداق قىرغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن
كۆرگەن. شۇڭا مەن ھەرگىز ئۇنىڭ دامىغا چۈشمەيمەن. خوش ئەمدى بىز
ئالدىمىزدىكى ئىشلار توغرۇلۇق پىكىرلىشىپ كۆرەيلى. مېنىڭ تەكلىپىم:
بىرىنچىدىن، شورا كونسۇلخانىسىغا بىزنى قوللاش، ھېچبولمىغاندا بىتەرەپ
تۇرۇش توغرىسىدا خەت يېزىپ كۆرسەك؛ ئىككىنچىدىن، مەھمۇت مۇھىتى چېگرىدىن
ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىق ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق مۆتىۋەر
زاتلارنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى مەلۇم بولدى. شۇڭا قەشقەرگە تېگىش قىلىپ
ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇۋالساق.
ئابدۇنىيازنىڭ بۇ تەكلىپىنى ئاڭلاپ ما جيەن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە كىچىك
چېكىلىكى بار سېرىق ھەربىي شەپكىسىنى قولىغا ئېلىۋېلىپ ئۇياقتىن-بۇياققا
مېڭىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ يېڭىلا چۈشۈرۈلگەن يۇمىلاق، سىدام بېشى سىرلانغان
قاپاقتەك پارقىراپ تۇراتتى. ئۇ، بىر مەھەلدىن كېيىن يەنە ئۆز ئورنىغا كېلىپ
ئولتۇردى-دە، جاۋابەن دېدى:
—
شورا دەۋاتامسىز، بەللى، سىز يەنە ئۇخلىماي چۈش كۆرۈۋېتىپسىز، بۇ چۈشنى
كاچۇڭدا كۆرۈپ كەلگەن ئوخشايسىز. توغرا، كاچۇڭدىكى چۈش! مەن سىزنىڭ بۇ
چۈشىڭىزگە ھەرگىز قوشۇلمايمەن، چۈنكى، شۇرانىڭ پىلانى ئاللىقاچان بېكىتىلىپ
بولغان. ئۇ، سىز بىلەن بىزنى ھەرگىز قوللىمايدۇ. شورا شور تاشلايدۇ، شېڭ
شىسەي تور تاشلايدۇ، توخۇ يۈرەك ئالا بايتاللار بولسا پۇشايمىنىنى ئالارغا
قاچا يوق ئاخىرى پېشانىسىنى قاشلايدۇ. بىراق مەن سىزنىڭ ئىككىنچى خىل
پىكىرىڭىزنى چوقۇم قوللايمەن ھەمدە قوشۇنۇمدىن ئۈچ يۈز ئادەمنى سىزگە
ياردەمگە ئەۋەتىمەن. سىز قەشقەر كونىشەھەرگە، مەن قەشقەر يېڭىشەھەرگە
ماسلىشىپ تەگسەك غەلىبىدىن ئۈمىد بار.
ما
جيەننىڭ بۇ پىكرىگە ئابدۇنىياز كامالمۇ قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ يارىشىش
كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن سۆھبەت ئاياغلاشتى. ئابدۇنىياز كامال شۇ كۈنى
كاچۇڭغا قايتىپ كەلدى.
3
ئابدۇنىياز كامال قاغىلىق سۆھبىتى توغرىسىدا سىز ساقلاپ ھېچكىمگە لام-جىم
دېمەيتتى. ئۇنىڭ يېقىنلىرى بولسا ئاڭلاشقا تەقەززا بولاتتى. قىستاپ
تۇرۇۋالغان يېقىنلىرىغا بولسا «ئەتە يەكەنگە بارىمىز، شۇ چاغدا...» دەپ
ئۆزىنى قاچۇراتتى.
«پىدائىي يىگىتلەر ئەتە يەكەنگە قاراپ قوزغالغۇدەك» دېگەن گەپ ھەممە يەردە
ئۇچۇپ يۈرەتتى. يۇرت مۆتىۋەرلىرى ئونلاپ قوي-كالىلارنى سويۇپ-پىشۇرۇپ
ئاخىرقى قېتىم چوڭ زىياپەت ئويۇشتۇردى، زىياپەتتىن كېيىن ھەممەيلەن ئۇخلاپ
ئارام ئېلىشتى.
باش
ئەتىيازنىڭ سالقىن شامىلى كاچۇڭ جىلغىلىرىغا خۇش پۇراق چېچىپ قىر
ياقىلىرىدىكى يېشىل-يۇمران چۆپلەرنى سۆيۈپ تۇراتتى. يىراق-يېقىندىن
ئىتلارنىڭ ھاۋشىغانلىرى، بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرى، ئارىلاپ ئاتلارنىڭ
كىشنەشلىرى ئاڭلىناتتى.
ئابدۇنىياز كامال مەخسۇس قاراۋۇللارنىڭ مۇھاپىزىتىدىكى خاس بارگاھى ئىچىدە
سوزۇلۇپ يېتىپ ئايىغى چىقمايدىغان خىياللار دېڭىزىدا ئۈزەتتى، تۈن نىسپىگە
بارغاندا كىرپىكى يۇمۇلۇپ ئۇيقۇغا كەتتى-دە، «توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ، ئۆچكە
جاڭگال...» دېگەن تەمسىلدىكىدەك ئۇنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى خىياللىرى مانا
ئەمدى ئۇيقۇسى بىلەن تەڭلا باشلانغان شېرىن چۈش ئەينىكىدە ئەكس ئېتىشكە
باشلىدى:
«بەزىلەر: ‹شورا بىلەن گەپلەش، شورا بىلەن ئەپلەش، بولمىسا ئىشىڭ ئاقسايدۇ›
دەيدۇ، يەنە بەزىلەر: ‹شورا دېگەن بەرىبىر شېڭ شىسەينى تاللاپ بولدى،
ساڭا-ماڭا باقمايدۇ... ھەرقانچە قىلغان بىلەن سۆزۈڭ ئاقمايدۇ...› دەيدۇ.
ئىككى خىل پەرەزنىڭ ھەر ئىككىلىسى توغرىدەك قىلىدۇ. مەيلى ئاۋۋال بىرىنچى
خىل پەرەز ئۈچۈن دو تىكىپ، ئارقىدىن ئىككىنچى خىل پەرەزنى سىناپ
كۆرمەيمەنمۇ؟ تەۋەككۈل دەرياسىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ باقمايمەنمۇ؟ بۇ ماڭا ئەل
مۇھەببىتى بىلەن باغلانغان رىشتە. ئۇ ماڭا روھىي كۈچ ئاتا قىلىپ
كېلىۋاتىدۇ. ئۇ بىر كۈنى ئېھتىمال ئالىقاندىن سۇ قاچقاندەك غايىب بولۇپ
مېنى داغدا قويۇشى مۇمكىن، ھەتتا مېنى ھالاك قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. پىداكار
يىگىتلا بولىدىكەن، بۇ ئاقىۋەتلەرنى كۈتۈشكە ھەقلىق...»
مانا
بۇ كاچۇڭ چۈشى ئىدى. بۇ شېرىن چۈشنىڭ ساھىبى — ئابدۇنىياز كامال ئەتىسى
ئورنىدىن تۇرغاندا ئۆزىنى يېنىك ھېس قىلدى.
4
يېڭى
كاچۇك دېۋىزىيىسى بۈگۈن سەھەرلىكتە ئاتلىق يولغا چىقىپ يەكەنگە يېتىپ باردى
ۋە بۇ يەرگە ياردەم ئۈچۈن ما جەمەتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئۈچ يۈز كىشىلىك
قوشۇن بىلەن جەم بولدى. ئۇلارغا يەنە خوتەندىن كەلگەن نۇرغۇن پىدائىي
يىگىتلەرمۇ قوشۇلدى. بۇ بىرلەشمە كۈچ ئارىسالدى بولۇپ تۇرغان نۇرغۇن
پىدائىي يىگىتلەرنىڭ روھىغا تەسەللى ۋە ئىشەنچ بېغىشلىدى. لېكىن، بۇ يېڭى
روھىي ھالەتمۇ كاچۇڭ چۈشىنىڭ داۋامى ئىدى.
يېڭى
بىرلەشمە قىسىم مانا ئەمدى قەشقەر كونىشەھەرگە تېگىش ئۈچۈن جىددىي
تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئەنە شۇ چاغدا ما جەمەتىنىڭ ياردەمگە كەلگەن
ئەسكەرلىرىنىڭ تۇۋەنجاڭى قاغىلىقتىن كۆتۈرۈپ كەلگەن بىر پارچە خەتنى
ئابدۇنىياز كامالغا تاپشۇردى. خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى:
«قاغىلىق قارارى بويىچە بىز تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن كىشىلەر سىزنىڭ
قوماندانلىقىڭىزغا بويسۇندى، ئۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىدا گەپ يوق، لېكىن،
سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بىقارار ئالا بايتاللار بولۇپ چوقۇم چوڭ ئاپەت
كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. مۇشۇ نۇقتىغا سەزگۈر بولارسىز...»
ئابدۇنىياز كامال بۇ خەتنىڭ مەزمۇنىغا ئانچە ھەيران قالمىدى. چۈنكى، بۇ
گەپلەر قاغىلىق سۆھبىتىدىمۇ ئوتتۇرىغا چۈشكەنىدى. ئەقىل تارازىسىغا سېلىپ
ئۆلچىگەندە ئادەم باشقۇرىدىغان كىشى ئۈچۈن يۇقىرىقى خەتنىڭ پايدىلىنىش
قىممىتىنى ئىنكار قىلىۋېتىشقا بولمايتتى. ھالبۇكى، خام سۈت ئەمگەن ئىنسان
بالىسى ماھىيىتىدىن — مەنپەئەت قۇلى، مەنپەئەت بىلەن ئۆلۈم ئۆتكىلى ئۇنىڭ
ئەجەللىك ئاجىز نۇقتىسى. شۇ چاغدا، ئۇ ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ. يېڭى كاچۇڭ
دېۋىزىيىسى ھازىر ئەنە شۇنداق ئىمتىھانغا دۇچ كەلگەنىدى.
ياپچاندا قاراۋۇللارنىڭ قولىغا چۈشكەن بايىقى ئاخباراتچى ھېلىغىچە نازارەت
ئاستىدا تۇرۇۋاتاتتى. ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئىبرەت جازاسى مۇۋاپىق پەيتنىلا
كۈتۈپ تۇرغانىدى، پۈتۈن دېۋىزىيە بىر چوڭ مەيدانغا توپلاندى. جاسۇس سوراق
قىلىندى. ئۇ، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ رەقىبى ئىدىرىس تەرىپىدىن ياللانغان
ئاخباراتچى ئىدى. مەھمۇت مۇھىتى رەقىبىنى پايلاپ يۈرەتتى. ئۇنى
ئۇنىمىغىنىغا قويماي، ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ مېڭىپ كوكراۋات يولىدا ئېتىپ
تاشلىغان ۋە تاشقا باستۇرۇپ قويۇپ يۈرۈپ كەتكەنىدى. بۇ تەقدىر مانا ئەمدى
ئۇنىڭ ئاخباراتچىسىنىڭ بېشىغا كەلدى. ئاخباراتچى ھەممە جىنايىتىنى ئىقرار
قىلغاندىن كېيىن چوڭ مەيداندا ئېتىپ تاشلاندى.
ئابدۇنىياز كامال ئارقىدىن نۇتۇق سۆزلەپ دېدى:
—
بىزنىڭ بۇ سېپىمىز — ئۆزىمىزنىڭ ئىختىيارى ۋە ساپ ۋىجدانى بويىچە جەملەشكەن
دېھقانلارنىڭ پىدائىي قوشۇنى، ئەمما بىز شېڭ شىسەيگە باش ئەگمىگىنىمىز
ئۈچۈن، ئۇ بىزنى ئىسيانچىلار دەپ ئېلان قىلدى. مەن بۇ ئىسىمنى ياقتۇرىمەن،
شېڭ شىسەي نۇرغۇن دېھقانلارنى، ئالىملارنى قەتلى قىلغانلىقى ئۈچۈن بىز
ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئىسيان كۆتۈرۈشكە ھەقلىق ئىدۇق، بىز ھازىر شۇ يولنى
تاللىدۇق. لېكىن، ۋىجدانى پىچىۋېتىلگەن مۇناپىق ئالا بايتاللارمۇ بايقالدى.
بۈگۈن ئىبرەت جازاسى بېرىلگەن جاسۇس ئەنە شۇلارنىڭ تىپى. بىز قەسەمياد
قىلىپ بۇ ۋىجدانىي يولدا جەملەشكەنىكەنمىز، بىزنىڭ قەلبىمىزدە ئۆز
ئىشىمىزغا ساداقەتمەنلىك ۋە كۈچلۈك ئىرادە ئورۇن ئېلىشى كېرەك. بىز
بۇنىڭدىن كېيىن خائىنلارغا، ئالا بايتاللارغا، ئىنتىزامسىز لۈكچەكلەرگە
ھەرگىز ئەپۇ قىلالايمىز...
ئەتىسىدىن باشلاپ قەشقەرگە تېگىش قىلىش پىلانى بويىچە قوشۇن قايتىدىن
رەتلەندى. ئابدۇنىيازنىڭ ئۆزى يەتتە يۈز كىشىگە، مويىدىن ئالتە يۈز كىشىگە
قوماندان بولۇپ ئىككى يول بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قەشقەرگە قاراپ ماڭدى.
ما جەمەتىنىڭ ياردەمچى ئەسكەرلىرىمۇ بىرگە يۈرۈش قىلدى. ئاتلىق ۋە پىيادە
ماڭغان بۇ قوشۇن ئىككى مىڭغا يېتىپ باراتتى. ئۇلار 1937- يىل 5- ئاينىڭ 29-
كۈنى قەشقەر كونىشەھەرنىڭ دۆلەتباغ يېزىسىغا كېلىپ جەم بولۇشتى.
بۇ
كۈنلەردە قەشقەر كونىشەھەر ئىچىدە ئىككى خىل كۈچ بولۇپ، بىرى، شورا تەرەپكە
مەنسەپ بولغان ئۈچ يۈزدەك ساقچى، يەنە بىرى، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ سابىق
سەنمۇجاڭى قۇربان سەئىدى قولىدىكى بىرقانچە يۈز كىشىلىك ئەسكەرلەر ئىدى.
بۇ ئىككى خىل كۈچ بىرلەشكەندىمۇ ئابدۇنىيازنىڭ پىدائىي قوشۇنلىرىغا
ھازىرەنلىككە تاقابىل تۇرالمايتتى. قەشقەرنىڭ يازلىق ھاۋا كىلىماتىمۇ
ئىسيانچىلارغا پايدىلىق شەرت-شارائىت يارىتىپ بەرگەنىدى.
ئابدۇنىياز كامال پىدائىي يىگىتلىرىگە دەرھال بۇيرۇق چۈشۈردى-دە،
دۆلەتباغدىن قوزغالغان بۇ يىگىتلەر سېپى تۈمەن دەرياسىنى بويلاپ يۈرۈپ
كېرەمباغقا يېتىپ بارغاندا، مەۋلانوف باشچىلىقىدىكى چىكا قىسىملىرىنىڭ
قاراۋۇللىرى سېزىپ ئوق ياغدۇردى. لېكىن ئارا يىراق ئىدى. ئىسيانكار
پىدائىيلار قارا قۇيۇندەك ئىلگىرىلەپ بارغاندا قاراۋۇل ساقچىلار ئاللىقاچان
تىكىۋەتكەنىدى. ئۇلار شۇ ئىلگىرىلىگەنچە بېرىپ يۇمىلاق شەھەرنى قورشىۋالدى.
شەھەر شۇ ئىلگىرىلىگەنچە بېرىپ يۇمىلاق شەھەرنى قورشىۋالدى. شەھەر ئىچىدە
بېكىنىپ ياتقان قۇربان سەئىدى سېپىل ئىچىدىكى ئەسكەرلەرنى قايمۇقتۇرۇپ
دېھقانلارغا قارشى ئوق ئاتقۇزدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ قايمۇققان ئەسكەرلەر
قۇربان سەئىدىنى تاشلاپ ئابدۇنىياز تەرەپكە ئەل بولۇشقا باشلىدى.
ئىسيانچىلار سېپى تېخىمۇ غولداپ زورايتتى. ئاخىر قەشقەر شەھىرى
ئىسيانچىلارنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئۆتتى.
بۇ
پەقەت تارىخنىڭ ئۆزگىرىشچان كومېدىيىسىنىڭ قىسمىلا بىر پەردىلىك كۆرۈنۈشى
ئىدى. تېخىمۇ قىزىقارلىق ئويۇنلار ئەمدى باشلىناتتى.
شورا
كونسۇلى قەشقەردىكى چىكا قىسىملىرى بىلەن قۇربان سەئىدى قىسىملىرىنىڭ
مەغلۇبىيىتىدىن بىئارام بولغانىدى. ئۇلار ئاخىر بىر كېلىشىم تەدبىرىنى
ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ كېلىشىم بويىچە ئابدۇنىياز كامالنىڭ شتابى يۇمىلاق
شەھەر ئىچىدە بولۇشى، قۇربان سەئىدى يېڭىشەھەردىكى شېڭ شىسەي قىسىملىرى
بىلەن بىرگە تۇرۇشى قارار قىلىنغانىدى.
دەل
شۇ ۋاقىتتا ئابدۇنىياز كامال بىز پاجىئەلىك تراگېدىيىسىدىن خەۋەر تاپتى.
قەشقەر كونىشەھەردىكى مەۋلانوفنىڭ قىسىملىرى تېخى يېقىندىلا تۇتقۇن قىلغان
مەمتىلى ئەپەندى، ئابدۇراخمان شائىر قاتارلىق ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق مەھبۇسنى
بېنزىن چېچىپ، ئوت قويۇپ ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن يېڭىشەھەرگە قېچىپ
بېرىۋالغانىدى.
5
بۇ
پاجىئەنى ئاڭلاپ ئابدۇنىياز كامالنىڭ يۈرىكى قاتتىق مۇجۇلدى. ئۇ پۈتۈن بىر
كېچە تولغىنىپ ئۇخلىيالمىدى. ئۆزىنىڭ بىخۇدلۇقىدىن ئېچىناتتى. ئەتىسى
مۇشاۋىر ئابدۇقادىر ھاجى ياقۇپقا تاپىلاپ دېدى:
—
بىز تۈنۈگۈن يۇمىلاق شەھەرگە تېگىشتىن بۇرۇن، تۈرمىدىن مەھبۇسلارنى
قۇتۇلدۇرماي خاتالىشىپتۇق. بۇلار ئىش بوپتۇ، پۇشايمان قىلساقمۇ ئورنىغا
كەلمەيدۇ. سىز بىرنەچچە كىشىنى باشلاپ بېرىپ، كۆيدۈرۈلگەن تۈرمە
خارابىسىدىن مەمتىلى ئەپەندى ۋە ئابدۇراخمان شائىرلارنىڭ جەسەت كۈلىنى بىر
قاچىغا تولدۇرۇۋېلىپ تۈمەن دەرياسى بويىغا دەپنە قىلىپ كېلىڭلار. بۇ بىزنىڭ
ئۇلارنىڭ روھىنى يوقلاشتا ئۆتەشكە تېگىشلىك بىردىنبىر ۋىجدانىي بۇرچىمىز.
ئابدۇنىياز كامال تاپشۇرغان بۇ ۋەزىپە چۈشتىن بۇرۇن بەجا كەلتۈرۈلدى.
چۈشتىن كېيىن قۇربان سەئىدى يۇمىلاق شەھەردىكى شتاب كابىنتى ئىچىدە
ئابدۇنىياز كامالغا ھوقۇق تاپشۇرۇپ بېرىش رەسمىيىتىنى ئۆتىدى.
كابىنېت ئىچىدە بىر ئۇزۇن كەنتىر، بىرقانچە قاتتىق ئورۇندۇقتىن باشقا كۆزگە
ھېچ نەرسە چېلىقمايتتى. ھەم ئېگىز، ھەم ئۇستىخانلىق كەلگەن، قىرىق ياشلار
قارىسىنى ئالغان قۇربان سەئىدى تۇنجى بولۇپ ئېغىز ئېچىپ دېدى:
—
مەھمۇت ئاكام بىزگە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلماي ھەم قىلچىلىكمۇ بىر نەرسە
قالدۇرماي قېچىپ كەتتى. بۈگۈن سىزگە قۇرۇق بولسىمۇ مۇشۇ كابىنېت ئۆيىنى،
ياغاچ كەنتىر ۋە ياغاچ ئورۇندۇقلارنى قالدۇرۇدىغان بولدۇق.
—
رەھمەت،– دېدى ئابدۇنىياز كامال جاۋابەن،– مەن ئەزەلدىن داق يەردە يېتىپ
چوڭ بولغان. ياغاچ ئورۇندۇق بولسۇن، ھەتتا تاج-تەخت بولسۇن دېھقان
بالىلىرىغا بەرىبىر، تاج-تەخت كىملەرگە ئەسقاتقان دەيسىز، بۇ كابىنېتمۇ
شۇنداق. مەھمۇت مۇھىتىدىن قالدى، سىزدىن قالدى، ھەممىدىن قالىدۇ. پەلەكنىڭ
چاقى ئەزەلدىن شۇنداق. خوش، بۈگۈن ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتى
بولۇۋاتقانىكەن، ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئىشلىتىپ كەلگەن تامغىڭىزنى تەلەپ
قىلىمەن.
بۈگۈن بۇ يەرگە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇشاۋىرلىرىمۇ ھازىر بولۇشقانىدى.
ئابدۇنىياز كامال قارشى تەرەپنىڭ ئەجەللىك يېرىنى تۇتۇۋالغانىدى، قۇربان
سەئىدى بىر ئۆڭۈپ، بىر تاتىرىپ ئاخىر ئىلاجسىز سومكىسىدىن تامغىسىنى
چىقىرىپ غالىب رەقىبىنىڭ ئالدىغا قويدى. تامغىغا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە:
«مۇۋەققىتى قۇربان سەئىدى — كاشغەر» دېگەن خەت ئويۇلغانىدى. ئارقىدىن
ئابدۇنياز كامال يەنە تەگەپ دېدى:
—
سىز مەھمۇت مۇھىتى بار چاغدا باش سەنمۇجاڭ ئىدىڭىز، ئۇ كەتكەندىن كېيىن شېڭ
شىسەي سىزنى مۇۋەققەت سىجاڭ قىلىپ ئۆستۈردى. مەھمۇت مۇھىتىنىڭ تامغىسى
چوقۇم سىزنىڭ قولىڭىزدا ساقلىناتتى. ئەگەر سىز مېنى راست كۆڭلىڭىز بىلەن
سىجاڭ دەپ ئېتىراپ قىلسىڭىز، ئۇ چاغدا مەنمۇ سابىق سىجاڭنىڭ تامغىسىغا
ئوخشاش تامغا ئويدۇرۇشۇم كېرەك. شۇ ۋەجىدىن، مۇشۇ نەق مەيداندا سابىق
سىجاڭنىڭ تامغىسىنى تەلەپ قىلىمەن.
قۇربان سەئىدى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنىدى. ياق دېسە ئابدۇنىياز
كامالنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ قويىدۇ-دە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۇ بىرمەھەل
ئارىسالدى بولۇپ، ئاخىر يەنە سومكىسىدىن سابىق سىجاڭنىڭ تامغىسىنى چىقىرىپ
بەردى. ئۇنىڭغا «شەۋكىتى مەھمۇت مۇھىتى — كاشىغەر» دېگەن خەت ئويۇلغانىدى.
ئاشۇ
ئىككى تامغا كەنتىر ئۈستىگە قويۇلغاندىن كېيىن مۇشاۋىرلار قولدىن-قولغا
ئۆتكۈزۈپ كۆرۈپ چىقىشتى. ئارقىدىن بىر مۇشاۋىر تەكلىپ تەلەپپۇزىدا سوئال
قويۇپ دېدى:
—
ئەمدى ئابدۇنىياز كامال سىجاڭغىمۇ بىر تامغا كېرەك. ئۇنىڭغا قانداق خەت
ئويۇلسا بولار؟
ئابدۇنىياز بۇ سوئالنى ئاڭلاپ پاراققىدە كۈلۈۋەتتى. ئارقىدىنلا ئۇنىڭ دوستى
ۋە مۇھاپىزەتچىسى ھىدايى جاۋاب بېرىپ دېدى:
—
ئابدۇنىياز سىجاڭغىمۇ بىر تامغا لازىم، ئەلۋەتتە. مېنىڭچە ئۇنىڭغا «نۇسرىتى
ئابدۇنىياز كامال — كاشىغەر» دەپ خەت ئويدۇرساق تازا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ھىدايىنىڭ بۇ سۆزى ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈۋەتتى، لېكىن قۇربان سەئىدى رەللە
بولۇپ ئىزىدا ئولتۇرالماي قالدى.
—
بولدى چاقچاقنى يىغىشتۇرۇپ تۇرايلى،– دېدى ئابدۇنىياز كامال يېڭى تېمىغا
كۆچۈپ،– تۈنۈگۈن تۈرمىدە خېلى كۆپ مەھبۇسنىڭ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن
ھېلىلا خەۋەردار بولۇپ بەكمۇ ئېچىندۇق ۋە غەزەپلەندۇق. بۇ پاجىئە توغرىسىدا
قۇربان سەئىدى سەنمۇجاڭنىڭ كۆزقارىشىنى ئاڭلاپ باقسام دېمەكچىمەن.
— بۇ
ساقچىلارنىڭ ئىشى، بۇ ئىشتىن خەۋىرىم يوق...
—
ئۇنداقتا بۇ ئىشنىڭ ھەق-ناھەقلىقى توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىچۇ؟
—......
—
دېمەك، بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ بولۇپمۇ ئەڭ سەرخىل كىشىلىرىمىزنىڭ پاجىئەلىك
قىرغىن قىلىنىشىغىمۇ «لەببەي» دەپ تۇرۇۋېرىدىكەنمىز-دە، ئەمما تارىخنىڭ
ئارغامچىسى ئۇزۇن، تەقدىرنىڭ ھۆكۈمىدە «يامانلىققا يامانلىقچە، ياخشىلىققا
ياخشىلىقچە» پەتىۋا چىقىرىلىدۇ. «ئۆز يېغى بىلەن ئۆز گۆشىنى قورۇش»تەك
سەنەمگە ئۇسسۇل ئوينىغان ئالا بايتاللارنىڭ مۇلازىمىتى ئاياغلاشقان سائىتى
— دەل ئۇلارنىڭ بوينى كېسىلىدىغان كۈنىدۇر.
ئابدۇنىياز كامالنىڭ بۇ غەزەپلىك ساداسى ئاڭلاشقا تاقىتى قالمىغان قۇربان
سەئىدىنىڭ شۇ تاپتا يۈز-كۆزلىرى ئۆپكىدەك ئېسىلىپ جان-پېنى چىقىپ كېتەي
دېگەنىدى. بىراق، ئۇ ھازىر غالىب بولغۇچى ئالدىدا تۇرۇۋاتقىنىنى ھېس قىلىپ
ئۆزىنى زورىغا بېسىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ بىرمەھەللىك
سۈكۈتتىن كېيىن ئېغىز ئاچتى:
—
بىز بەزى ئۇقۇشماسلىققا ھازىرەنلىككە سالاۋات دەپ تۇرايلى. ئاكام مەھمۇت
مۇھىتىغا شېڭ دۇبەن بىلەن يارىشىپ قېلىڭ دەپ شۇنچە دېسەم مېنى ئالداپ قويۇپ
كېتىۋالدى. «گۇمان — ئىماننى قاچۇرۇپتۇ» دەيدىغان سۆزىمىز بار. ئۇ بەكمۇ
گۇمانخور ئادەم ئىدى، سۆزۈمنى ئىلىك ئالمىدى. ئەگەر ئابدۇنىياز سىجاڭ ماقۇل
بولسا، ھۆكۈمەت بىلەن ياراشتۇرۇش يولىدا بىر كىشىلىك تۆھپەمنى ئايىمايمەن.
ئابدۇنىياز بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ ئارقىدىن
جاۋاب بېرىپ دېدى:
—
سىز مەھمۇت مۇھىتى بىلەنمۇ، مەخسۇس مۇھىتى بىلەنمۇ يېقىن تۇغقان-قېرىنداش؛
مەھمۇت مۇھىتىغا ئەگىشىپ ئىسيان كۆتۈرۈپ چىققانلىقىڭىزنى شېڭ دۇبەن تازا
ئوبدان بىلىدۇ. تاغىڭىز مەخسۇت مۇھىتى، شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى،
جۈملىدىن قۇمۇل، تۇرپان، لۈكچۈن دېھقانلىرىنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى،
كىمنىڭ قىرغانلىقىنى سىزمۇ ئوبدان بىلىسىز. ھەرقانداق ياراشتۇرۇش
مۇلازىمىتىڭىز سىزنى قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. بىرىنچىدىن، مانا ھازىر يۇمىلاق
شەھەرنى ماڭا تارتقۇزۇپ قويدىڭىز. دېمەك، مۇشۇ ئىككى چوڭ گۇناھىڭىز ئۈچۈنلا
شېڭ دوبەن سىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلالايدۇ.
شۇنداق قىلىپ ئابدۇنىياز دەيدىغىنىنى دەپ بولدى. قۇربان سەئىدى غال-غال
تىتىرىگىنىچە ئىزىدا شۈمشەرەپ ئولتۇرۇپ قالدى. بۈگۈنكى بۇ ئۇچرىشىش سۆھبىتى
ئىسمى-جىسمىغا خاس قىلىچۋازلارنىڭ دۇئېل كۆرىشىگە ئايلانغانىدى.
1937- يىل 7- ئاينىڭ 1- كۈنى. تۈمەن دەرياسىنىڭ ئەتراپىنى بۈك-باراقسان
ئۆسكەن يېشىل دەرەخزارلىق قاپلىغانىدى. كېرەمباغنىڭ بالدۇر پىشقان ئۆرۈك
مېۋىلىرىنىڭ خۇش پۇراق ھىدى دىماغقا ئۇرۇلاتتى. مۇشۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە
ئارقا-ئارقىدىن قانلىق قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن قەشقەر شەھەر ئاھالىسى
يەنىلا ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراپ يۈرۈشەتتى.
بۈگۈن ئابدۇنىياز كامالنىڭ شتابىدا تۇنجى قېتىملىق شتاب مەجلىسى ئېچىلىپ
نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت مۇزاكىرە قىلىندى. نۇرغۇن پىكىرلەردىن كېيىن مويىدىن
سەنمۇجاڭ تەكلىپ بېرىپ دېدى:
—
مېنىڭچە شېڭ دۇبەننىڭ كارى چاغلىق ئىدى. ئۇنىڭغا شورا ھامىي بولۇۋاتىدۇ.
بىز شورا كونسۇلىغا خەت يېزىپ ئۇلارنىڭ بىز تەرەپتە تۇرۇشىنى،
ھېچبولمىغاندا، بىتەرەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىپ باقساق...
بۇ
پىكىرنى ھەممەيلەن ماقۇل كۆردى. ئابدۇنىياز كامالمۇ كۆپچىلىكنىڭ رايىغا
قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە شورا كونسۇلخانىسىغا يېزىلغان خەتنى مۇشاۋىر
ئابدۇقادىرھاجى ياقۇپنىڭ يېزىپ چىقىشىغا ھاۋالە قىلدى. بۇ خەت يىغىن
تارقالماستىنلا يېزىلىپ تەييارلاندى. ئۇنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە
ئىدى:
«شورانىڭ ئېزىلگەن سىنىپ، ئېزىلگەن خەلق ۋە ئېزىلگەن مىللەتلەرنى
يۆلەيدىغانلىقىغا گۇمان قىلمايمىز. بىزنىڭ قوشۇنىمىز ئاشۇ كىشىلەرنىڭ
ۋەكىللىرى. ھەممىمىز دېگۈدەك كەمبەغەل دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرى. شۇ
ۋەجىدىن سىلەر بىز تەرەپتە تۇرساڭلار، بىزگە ياردەم بەرسەڭلار،
ھېچبولمىغاندا بىتەرەپ مەيداندا تۇرساڭلار...»
خەت
ئاققا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ئۈچ كىشى ۋەكىل بولۇپ، شورا كونسۇلخانىسىغا
باردى. كونسۇل جاۋاب بېرىپ دېدى:
—
بىز ھېچقايسى تەرەپكە يان باسمايمىز. سىلەرگىمۇ، باشقىلارغىمۇ ياردەم
بەرمەيمىز، ئىچكى ئىشىڭلارغا ئارىلاشمايمىز...
ۋەكىللەر قايتىپ كېلىپ بۇ جاۋابنى ئابدۇنىياز كامالغا يەتكۈزگەندىن كېيىن،
ئۇ:
—
مەن ئۇلارنىڭ غەرىزىنى بىلەتتىم، «ئىچكى ئىشىڭلارغا ئارىلاشمايمىز» دېگىنى
«ئۈچ يۈز سەر كۈمۈش يوق» دەيدىغان ھىيلە-نەيرەڭدىن ئىبارەت. مەيلى، بىز
ئۇلارنىڭ يەنە بىر مەيدان سىناپ كۆردۇق. ئۇنىڭ زىيىنى يوق،– دېدى.
ئابدۇنىياز كامالنىڭ كۆڭلىنى بىرمەھەل غەشلىك تۇمانلىرى قاپلىۋالغانىدى. شۇ
تاپتا، ئۇ شتاب كابىنېتىدا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ خىيال سۈرمەكتە ئىدى.
بىر جەڭچىنىڭ چاس بېرىپ يېنىدا پەيدا بولۇشى ئۇنىڭ خىيالىنى ئۈزۈپ
قويدى-دە، جەڭچىدىن سورىدى:
—
نېمە ئىش؟ سۆزلە.
—
دەرۋازا سىرتىدا بىر سالاپەتلىك، ياقا يۇرتلۇق مېھمان سىز بىلەن كۆرۈشۈشنى
ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ.
—
باشلاپ كىر.
قاراۋۇل ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ماڭدى ۋە ھايال ئۆتمەي ھېلىقى مېھماننى باشلاپ
كىردى. ئابدۇنىياز كامال مېھماننىڭ چىراي-تۇرقىدىن ئۇنىڭ غەيرىي
سالاھىيىتىنى پەرەز قىلدى-دە، ئاۋۋال مېھماننى ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلدى ۋە
ئارقىدىنلا چۇس تەلەپپۇزدا مېھماندىن سورىدى:
—
خوش، تەقسىر، قېنى سۆزلىسىلە، بىزگە دەيدىغان قانداق مۇددىئالىرى باركىن؟
ئابدۇنىياز كامالنىڭ جىددىي قىياپەت بىلەن سورىغان ئاشۇ سوئالىغا غايىب
مېھمان دۇدۇقلاپ جاۋاب بەردى:
—
مەن بىر غايىب ئەلچى، رۇمدىن كېلىۋاتىمەن. سىلەردە قورال-ياراغ، ھەربىي
تەلىم كۆرگەن جەڭچىلەرنىڭ كەملىكىنى بىلىۋاتىمەن، خالىساڭلار بىز سىلەرگە
يېقىندىن يار-يۆلەك بولىمىز...
مېھماننىڭ غەرىزىنى سېزىپ بولغان ئابدۇنىياز كامال ئۇنىڭ سۆزىنى ئوتتۇرىدىن
بۆلۈپ كەسكىنلىك بىلەن رەددىيە بەردى:
— بۇ
يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرى. مەيلى شورا،
مەيلى رۇم، مەيلى پەرەڭ بىزدىن يىراق تۇرغىنى ياخشى. بىز سىرتنىڭ
ھەرقانداق باھانىلەر بىلەن ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز ھەمدە سىلى بىلەن بۇ
ھەقتە قايتا ئۇچرىشىشنىمۇ خالىمايمىز.
ئابدۇنىياز كامال ئارقىدىن مەسلىھەتكە بۇرۇلۇپ:
—
سىلەر بۇ مېھماننى دەرۋازىغىچە ئۇزىتىپ قويۇڭلار. تېزدىن ئۆز يولىغا راۋان
بولغىنى ياخشى،– دەپ ھاۋالە قىلدى.
مېھمان ئوڭايسىزلىنىپ ئورنىدىن تۇردى-دە، شتاب ئىشخانىسىدىن چىققان پېتى
ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىب بولدى.
تاڭلا ئەتىسى ئابدۇنىياز ما جەمەتى قىسىملىرى شىتابىدىن يوللانغان
تۆۋەندىكى جىددىي ئاخباراتنى تاپشۇرۇۋالدى.
«شىمال تەرەپتىن شورانىڭ ئاتلىق ۋە زەمبىرەكچى قىسىملىرى قاپساپ
كېلىۋېتىپتۇ. شەرق تەرەپتىن شېڭ شىسەي قىسىملىرى مارالبېشىغا يېقىنلاپ
كېلىۋېتىپتۇ. بىز شىمال تەرەپكە، سىز مارالبېشى تەرەپكە تاقابىل تۇرۇشنى
مۇۋاپىق كۆردى. جىددىي ئاتلانسىڭىز...»
ئابدۇنىياز كامال بۇ ئاخباراتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن روھىي جەھەتتىن
خېلى جىددىيلەشكەنىدى. ئۇنىڭ كاچۇڭدا كۆرگەن چۈشىنىڭ ھەقىقىي تەبىرى مانا
ئەمدى ئېنىق يېشىلدى. ئۇ «ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماپتۇ» دېگەن
ماقال-تەمسىلنىڭ تەكتىنى ئەمدى چۈشەنگەنىدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇ، 3- ئىيۇن كۈنى بىر مىڭ تۆت يۈزدىن ئارتۇق پىدائىيلىرىنى
باشلاپ مارالبېشىغا يۈرۈش قىلدى.
سەككىزىنچى باب
ئەرۋاھتىن سادا
ئىسيانچىلارنىڭ «يۇمىلاق شەھەر»نى ئۆتكۈزۈۋېلىش غەلىبىسى ئابدۇنىياز
قىسىملىرىنىڭ روھىنى خېلى يۇقىرى كۆتۈرگەنىدى. ئەمما بۇ ياش سەركەردە بۇ
ۋاقىتلىق نۇسرەتنى ئانچىۋالا مۇبالىغە قىلىشقا قىزىقمىدى. چۈنكى ئۇنى يەنە
نۇرغۇن داۋانلىق ئۆتكەللەر كۈتۈپ تۇراتتى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ «بۇ يەردە قولدىن كەتكۈزۈپ قويغىنىمىز ئېرىشكىنىمىزدىن
ئارتۇق» دەپ ئويلاتتى. ئۇ ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق مەھبۇسنى قۇتقۇزۇۋېلىش بۇرچىنى
ئادا قىلالماسلىقتەك جاۋابكارلىقنى ئەسلەپ ئىچ-ئىچىدىن ئازابلىناتتى.
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئەرۋاھى يۇمىلاق شەھەردىكى ئابدۇنىيازنىڭ ياتاق
كارىۋىتى بېشىغا يوقلاپ كېلىپ، ئۇنىڭ روھىي ئازابىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.
ئەرۋاھ پۇتىدىن تا بېشىغىچە ئاپئاق لىباسقا ئورالغان قىياپەتتە تۇرۇپ،
ئۇيقۇلۇق ياتقان بۇ ياش سەركەردىگە خىتاب قىلىپ سۆزلەيتتى:
«مەن
خەلق مائارىپى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەجرىم بىلەن پەخىرلىنىمەن. ماڭا
قەست قىلغان قارا نىيەتلەرنىڭ ئاخىر بىر كۈن شەرمەندە بولىدىغانلىقىغىمۇ
ئىشىنىمەن. مەن ئېتىقاد ئىگىسى بولغىنىم ئۈچۈن قۇربان بېرىشتىن قورقمىدىم.
ئېتىقادى بولمىغان كىشى تەقدىرنىڭ قۇلىدۇر. تەقدىر باتۇر تەرەپتە تۇرىدۇ.
تەقدىر — ئاجىزلارنىڭ باھانىسى، قورقۇنچاقلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى. ئىرادىلىك
كىشىنى تەقدىر بويسۇندۇرالمايدۇ، بەلكى ئۇنى قەتئىيلەشتۈرىدۇ...»
ئابدۇنىياز كامالنىڭ چۈشىدە كۆرگىنى — بىر ئۇلۇغ روھىنىڭ غايىۋى ئىنكاسى
ئىدى؛ ئاڭلىغىنى ئەرۋاھنىڭ خىتابى ئىدى. بۇ ياڭراق سادالار ئۇنىڭ كېيىنكى
ھاياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ ئۆزىدە، ئۆز ئېتىقادى يولىدا ھەرقانداق
قىسمەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ كېتەلەيدىغان خاراكتېرنى يېتىلدۈرمەكتە ئىدى.
ئۇ يۈرەكسىزلەرنى كۆرگەندە: «قورقما، مەردانە بول، ئالتۇننىڭ ئېسىلى ئوتتا
تاۋلىنىدۇ» دەپ تۇراتتى. ئۇ مارالبېشى سەپىرىنى ئاشۇنداق خاراكتېرىنىڭ
ھەقىقىي سىناق مەيدانى قىلماقچى ھەمدە ئۇ يەردە زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىپ
مەرىپەت ئۇستازى مەمتىلى ئەپەندىگە ھەيكەل تىكلىمەكچى...
ئىسيانچى قىسىملار ھازىرلىقىنى تۈگىتىپ ئۈچ يول بىلەن مارالبېشىغا قاراپ
يۈرۈش قىلدى. ئابدۇنىياز كامال ئوتتۇرا يول قىسىملىرى بىلەن پەيزاۋاتقا
قاراپ كېتىۋاتاتتى. ناھىيە بازىرىدا ئۇنى نۇرغۇن ھۈنەرۋەنلەر ۋە بازار
ئاھالىسى ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
قىسىملار بۇ يەردە بىر ئاخشام دەم ئالدى. كەچقۇرۇنلۇقى ئابدۇنىياز كامال
ئۈچۈن راسلانغان مەخسۇس چۈشكۈنخانىغا مۇھەممەد پەرەڭ ناملىق تۆمۈرچى ۋە
ئۇنىڭ شاگىرتى قۇربان قىلىچ دېگەن كىشىلەر بىر چوڭ يېشىل ئەدىيالغا
ئورالغان نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى.
ئابدۇنىياز ئۇلارنى قىزغىن قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتى. تۆمۈرچى
مۇھەممەد پەرەڭ سېرىق ساقال، كۆك كۆز، بەستلىك كەلگەن ۋە ئەللىك ياشلار
قارىسىنى ئالغان تىمەن كىشى ئىدى. ئۇ يېشىل ئەدىيالغا ئوراپ كەلگەن ئېسىل
سوۋغاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ دېدى:
—
مانا بۇ سىلىگە ئەكەلگەن كۆڭۈل سوۋغىمىز. لەشكەر بېشىغا ئۇنىڭدىن ئارتۇق
سوۋغا بولمىسا كېرەك. يەنە كېلىپ مانا بۇ ئۆز قولۇم بىلەن ياسىغان
بەشئاتار، توققۇزئاتار مىلتىق ۋە ئۇلارنىڭ ئوقلىرى. بۇ ئوقلار پولاتتىن
ياسالغان بولۇپ، تۆمۈر تاختىلارنىمۇ تېشىپ ئۆتەلەيدۇ.
ئابدۇنىياز كامال بۇ سوۋغاتلارنى كۆرۈپ شۇ قەدەر ھاياجاندىكى، ئۇ
خۇشاللىقىدا ئولتۇرغان ئورنىدىن دەرھال چاچراپ تۇرۇپ كەتتى ۋە تۆمۈرچىنى
قۇچاقلاپ ئۇنىڭغا تەكرار مىننەتدارلىق ئىزھار قىلدى.
تۆمۈرچى مۇھەممەد پەرەڭ خوشلىشىپ مېڭىش ئالدىدا بىر تەكلىپ پىكىرنى دادىل
ئوتتۇرىغا قويدى:
—
ئەتىكى سەپەرگە مېنىڭمۇ پىدائىي بولۇپ بارغۇم بار. ھېچبولمىغاندا ئۆزۈم
ياسىغان ياراغنى نەق مەيداندا سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ باقسام دەيمەن.
—
بارىكاللا، ئۇستام، سىلىنى تۇغقان ئانىلىرىغا رەھمەت. ئۆزلىرىنى سېپىمىزگە
جان-دىلىمىز بىلەن قوبۇل قىلىمىز.
ئابدۇنىياز، تۆمۈرچىدىن سۆيۈنۈپ ھاياجىنىنى باسالماي قالدى. تۆمۈرچى ۋە
ئۇنىڭ ھەمراھلىرى چۈشكۈنخانىدىن ئەنە شۇنداق كۆڭۈللۈك قايتىشتى.
ئەتىسى ئۇلار ھەممە تەييارلىقنى تەق قىلىپ مارالبېشىغا قاراپ ئاتلاندى.
ئەتىگەنلىك ھاۋا سالقىن ئىدى. ئاتلارنىڭ تۇياقلىرىدىن توزۇغان توپا-چاڭلار
يولنىڭ ئىككى چېتىدە شالاڭ ۋە پاكار ئۆسكەن ياۋا گىياھلارنى كۆمۈپ ماڭاتتى.
مۇھەممەد پەرەڭ كېتىۋېتىپ، ئابدۇنىياز كامال مىنىپ ماڭغان ئاق بوز
ئات-تورغۇت دۇلدۇلىغا نەزەر تاشلايتتى. بۇ ئاتنىڭ ئېگىزلىكى، گەۋدىسىنىڭ
يوغانلىقى، تۈكلىرىنىڭ مەرۋايىتتەك پارقىراپ تۇرۇشى، ئۇزۇنچاق بېشىنى
يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەكشى ۋە ئىلدام قەدەم تاشلىشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكىگە
قاراپ مەستلىكى كەلدى. ئۇنىڭ دۇكىنىغا مىڭلىغان ھەرخىل ئاتلار كېلىپ-كەتكەن
بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى بۇ ئاتقا تەڭلىشەلمەيتتى.
شەرق
تاماندىن قۇياش كۆتۈرۈلۈپ بارچۇق دائىرىسىدىكى توغراقلىق قۇم جەزىرلەرنى
قىزىتىشقا باشلىغانىدى. شەرقىي جەنۇب تەرەپتىكى قويۇق ئۆسكەن ئورمانلىق
بەلۋىغىغا يېقىنلاشقاندا، سەزگۈر ئاتلار ئۆزلۈكىدىن قەدەملىرىنى ئاستىلىتىپ
ئاللىقانداق بىر ۋەھىمىدىن شەپە ئاڭلىغاندەك كەينىگە داجىپ ئارقا-ئارقىدىن
كىشنەپ كېتىشتى.
—
بىردەم توختايلى،– دېدى مۇھەممەد پەرەك دەرھال ئابدۇنىيازنىڭ قۇلىقىغا
پىچىرلاپ،– ئاۋۇ ئورماندا بىر ئىش باردەك قىلىدۇ. يوشۇرۇنۇپ تۇرغان
ئوۋچىلار بولۇپ قالمىسۇن يەنە.
راست
دېگەندەك ھايال ئۆتمەي توغراقلىقتىن ئېتىلغان بىر پاي ئوقنىڭ ئاۋازى
ئاڭلاندى. ئابدۇنىياز كامال ئاتلىق پىدائىيلىرىغا ئورماننى تۆت تەرەپتىن
قورشاش بۇيرۇقىنى بەردى-دە، توغراقلىق ھايال ئۆتمەي مۇھاسىرىگە ئېلىندى.
يوشۇرۇنغان ئەللىككە يېقىن كىشى ئاق بايراق كۆتۈرۈپ ۋە قوراللىرىنى ئېگىز
قىلغان ھالەتتە توغراقلىق ئىچىدىن تەسلىم بولۇپ چىقتى. ئۇلار بارچۇق
سېپىلىگە قېچىپ بېرىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالغان شېڭ شىسەينىڭ تەمىنات خادىملىرى
ۋە پەيزاۋاتنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىدى. دېھقان پىدائىيلىرى ئۇلارنى دەرھال
قورالسىزلاندۇردى ھەمدە ئورمانلىق ئىچىنى ئاختۇرۇپ نۇرغۇن ئوق-دورا،
قورال-ياراغلارنى غەنىيمەت ئالدى.
شۇ
كۈنى كەچ پېشىن مەھەلدە، ئابدۇنىيازنىڭ قىسىملىرى بارچۇق سېپىلى ئەتراپىدا
جەم بولدى. شېڭ جەمەتىنىڭ بىر تۇۋەنگە يېقىن چېرىكلىرى بارچۇق سېپىلى
ئىچىگە كىرىپ سېپىل دەرۋازىلىرىنى مەھكەم تاقىۋېلىشقانىدى. پىدائىيلارنىڭ
بىرى قىسمى تۇمشۇق ئېغىزى يېنىغا بۆكتۈرمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. قالغان
قىسمى تۆتكە بۆلۈنۈپ سېپىل ئەتراپىنى قورشاپ مۇھاسىرە چەمبىرىكى
شەكىللەندۈردى. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە ئۈزۈلدۈرمەي ئوق ياغدۇراتتى. قارشى
تەرەپ ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇش پىلانىنى تۈزگەنىدى. ئۇلار شېڭ شسەينىڭ
ياردەمچى قوشۇنىغا ئۈمىد باغلىغانىدى.
ئىككىنچى كۈنى دەل چۈش مەھەلدە، قاياقتىندۇر سېپىل ئۈستىدە پەيدا بولغان
ئىككى چوڭ قارا غىلجىر ئاسمان-پەلەك ئېگىزلىكتە كەڭ قاناتلىرىنى يېيىپ،
توختىماي ئايلىنىپ ئۇچۇشقا باشلىدى. قارشى تەرەپنىڭ چېرىكلىرى سېپىل ئىچىدە
ۋاڭ-چۇڭ كۆتۈرۈشۈپ «ئەنە بىزنىڭ ئايروپىلانىمىز كەلدى» دەپ قالپاقلىرىنى
ئاسمانغا ئاتتى. دېمىسىمۇ قارا غىجىرنىڭ يوغانلىقى، ئۇزۇن قاناتلىرىنى
سوزۇۋالغان پېتى تەپتەكشى ئۇچۇپ مېڭىشى غىلجىر كۆرۈپ باقمىغان كىشىدە
«ئايروپىلان»مىكىن دېگەن خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلاتتى.
مۇھەممەد پەرەڭ چاققان كەلدى. ئۇ پولات ئوقنى بەشئاتار مىلتىققا سېلىپ،
قارا غىلجىرنى قارىغا ئالدى. ئارقىدىن مىلتىقنى ئابدۇنىيازغا تۇتقۇزۇپ
دېدى:
—
قېنى ئەمىسە، ئاۋۇ قارا غىلجىرنى سىز چىنەڭ.
ئابدۇنىياز قارا غىلجىرنىڭ پەسرەك ئۇچۇپ كەلگەن بىرىنى دەللەپ ئاتتى.
غىلجىر نەچچە موللاق ئاتقىنىچە سېپىل ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ئىككىنچى غىلجىر
بولسا ئالدى-كەينىگە قارىماي ئاسماندىن غايىب بولدى.
تەقدىر بۈگۈن بارچۇق سېپىلى يېنىدا راستتىنلا رومانتىك ئويۇن ئوينىغانىدى.
قارا غىلجىرنىڭ ئاقىۋىتىدىن كېيىن سېپىل ئىچىدىكى چېرىكلەرنىڭ دېمى ئىچىگە
چۈشۈپ كەتتى. سېپىل سىرتىدىكى پىدائىي يىگىتلەرنىڭ روھى كۆتۈرۈلۈپ
خۇشاللىققا چۆمگەنىدى. ئۇلارنىڭ قەلبىدە بارچۇق سېپىلىنى ئىگىلەشنىڭ ئۈمىد
ئۇچقۇنلىرى يالقۇنجايتتى.
قامال قىلىنغان چېرىكلەرنىڭ «ۋاقتىنى كەينىگە سوزۇش پىلانى»نى پەمىلىگەن
ئابدۇنىياز كامال سېپىلنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىنى كۆيدۈرۈپ يول ئېچىش
توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى. دەرۋازا بىرنەچچە سائەت ئىچىدە كۆيۈپ كۈل
بولدى-دە، ئورنىدا چوڭ كاۋاك پەيدا بولدى. قېچىشقا ئالدىن ھازىرلىق كۆرۈپ
قويغان چېرىكلەر ماشىنىلىرىغا ئولتۇرۇپ، ھېلىقى كاۋاكتىن بۆسۈپ چىقىشقا
باشلىدى. شۇنداق قىلىپ جەڭ رەسمىي باشلاندى. قېچىپ كېتەلىگەن ماشىنا
ئۈستىدىكى چېرىكلەر دېھقان پىدائىيلارنىڭ تۇمشۇق يېنىغا ئالدىن
جايلاشتۇرۇلغان بۆكتۈرمە قىسىملىرى تەرىپىدىن قاتتىق زەرب يېدى. بارچۇق
سېپىلىنى تالىشىش ئۇرۇشى ئەنە شۇنداق ئاياغلاشتى. پىدائىيلار نۇرغۇن يېڭى
قورال-ياراغ ۋە باشقا غەنىيمەتلەرگە ئىگە بولدى.
لېكىن ئىككى كۈندىن كېيىن ئابدۇنىياز بارچۇق سېپىلى ئۇرۇشىدا ئېرىشىلگەن
ئامەتنىڭ كەينىدىنلا بىر يامان دىشۋارچىلىقنىڭ سايىسى ئەگىشىپ
كېلىۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىدى-دە، مۇشاۋىرلىرى بىلەن كېڭەش يىغىنى ئاچتى:
—
بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەمنى قانداق تاشلايمىز؟
ئابدۇنىياز كامال مۇشاۋىرلىرى ئالدىغا مۇشۇ مەسىلىنى تاللاپ مۇزاكىرىگە
قويدى. مۇشاۋىرلار زۇۋان سۈرەلمەي دېلىغۇل بولۇپ تۇرۇپ قېلىشتى. ئاخىرىدا
ئابدۇنىياز كامال ئۆزى ئېغىز ئېچىپ قورسىقىدىكى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ
دېدى:
—
شېڭ شىسەينىڭ ياللانما — تۆتىنچى نومۇرلۇق قىسىملىرى بىزنىڭ ئارقىمىزدىنلا
قەشقەرگە بېسىپ كىردى. بىز ھازىر ئاقسۇ دەرياسىغىچە بولغان كەڭ زېمىندىلا
توسالغۇسىز يۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايمىز. نۆۋەتتىكى قەدىمىمىز ئەنە
شۇ زېمىنغا قارىتىلىدۇ. ئەسلىدە قەشقەردە قۇربان بولغان ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق
مەرىپەتچىلەرگە داغدۇغىلىق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچى بولغان پىلانىمىز
ۋاقتىنچە كەينىگە قالدۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ئەرۋاھلاردىن كەچۈرۈم سورايمىز.
كوماندىرنىڭ مۇددىئاسىنى ھەممەيلەن ئېنىق چۈشەندى-دە، ئۇنىڭ پىكرىگە بىر
ئېغىزدىن ماقۇل بولۇشتى. سەپەر يۆنىلىشى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بۇ پىلان
تۆۋەندىكى قىسىملارغا ئۇقتۇرۇلدى.
شۇنداق قىلىپ، ئەتىسى پۈتۈن قىسىم تەشكىلىي رىتىم بويىچە قوزغىلىپ، شەرقىي
شىمالغا قاراپ ئاتلاندى. قەدىمكى ھارۋا يولىنىڭ چەت تەرىپىدە قارامتۇل
پاكار تۇمشۇق تاغلىرى شىمالغا قاراپ سوزۇلاتتى. ئوڭ تەرەپتە بىپايان چۆللۈك
قاغجىراپ ياتاتتى. تومۇزنىڭ تەپتىدىن چاڭقاپ ھالىدىن كەتكەن قاغا-
قوزغۇنلار ئاران-ئاران ئۇيان-بۇيان ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى. پىدائىيلار ئاتلىرىغا
غانجۇغىلاپ ماڭغان ساناچلىرىدىكى سۇنى سۈمۈرۈپ ھاللىنىۋېلىپ يەنە
ئىلگىرىلەيتتى.
تۇمشۇق چوققىسىنىڭ شەرق يامزىلىدىكى بىر تۈزلەڭلىكتە بارچۇق سېپىلى جېڭىگە
قاتناشقان قىسىم بىلەن تۇمشۇق بۆكتۈرمە جېڭىگە قاتناشقان پىدائىيلار
ئۇچراشتى ۋە ئۆزئارا غەلىبە ھېسسىياتلىرىنى تۆكۈشتى. ئۇلار دەم ئالغاچ
قولغا چۈشۈرگەن ئولجا-غەنىيمەتلىرىنى بەس-بەس بىلەن سۆزلىشەتتى.
پەيزاۋاتلىق مۇھەممەد پەرەڭ ھاياجانلانغان ھالدا دېدى:
—
مۇشۇ تۇمشۇق چوققىسى ئۈرۈمچى-قەشقەر چوڭ يولىنى توسۇپ تۇرىدىغان مۇھىم جاي.
ھەربىي گېنېراللار ھە دېگەندىلا مۇشۇ يەرنى تالىشىدۇ. 1933- يىلى ئەتىيازدا
گېنېرال تۆمۈر ئېلى بىلەن خۇيزۇ ما شاۋۋۇ قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا قىرىق
يەتتە كۈن جەڭ بولغان، ئاخىرى تۆمۈر ئېلى غەلىبە قىلغان. بۇ قېتىم بۇ يەردە
بىزمۇ غەلىبە قىلدۇق.
پىدائىي يىگىتلەر بۇ يەردە خۇماردىن چىققۇچە دەم ئېلىۋالغاندىن كېيىن
بۇيرۇق بويىچە يەنە ئاتلاندى. ئۇلار يولغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، قاياقتىندۇر
ئىككى ئايروپىلان ئۇچۇپ كېلىپ، رەتمۇرەت كېتىۋاتقان ئاتلىق قىسىملارنىڭ
بېشىدا ئەگىشكە باشلىدى. پىدائىيلار ئۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرمىگەندىن كېيىن
ئايروپىلان تېخىمۇ پەسلەپ ئۇچۇپ، ئاتلارنى ئۈركۈتۈشكە باشلىدى.
—
قارا غىلجىر!
كوماندىر ئابدۇنىياز كامال تورغۇت دۇلدۇلى ئۈستىدە تۇرۇپ ئۈنلۈك سۈرەن
سالدى. ئارقىدىنلا ئايروپىلان پەس ئۇچۇپ كېلىپ پىدائىي يىگىتلەرنى ئوققا
تۇتۇشقا باشلىدى.
غەزىپى تېشىپ، قەھرى ئۆرلىگەن ئابدۇنىياز كامال تاغ باغرىدىكى بىر ئېگىز
قىيالىققا چىقتى-دە، بەشئاتار مىلتىقتىن چەنلەپ ئېتىپ ئايروپىلاننىڭ بىرىنى
تاغ باغرىغا دومىلاتقۇزۇۋەتتى. ئىككى نەپەر ليۇتچىك پاراشۇت بىلەن سەكرەپ
چۈشۈپ قول كۆتۈرۈپ تەسلىم بولدى. يەنە بىر ئايروپىلان بەدەر تىكىۋەتتى.
بۇ
دېھقان پىدائىيلىرىنىڭ ئاددىي قورال بىلەن تۇنجى قېتىم ئايروپىلان
ئېتىۋېلىشى ئىدى. بۇ ۋەقە كەلپىننىڭ كۆيۈك تاغلىرى بىلەن دالاشور دەپ
ئاتىلىدىغان دەشت-چۆللۈك ئەتراپىدا يۈز بەرگەنىدى. شۇ چاغدا، بىر پىدائىي
ئابدۇنىياز كامالدىن سورىدى:
—
كوماندىر، سىز بۇ ماھارەتنى نەدىن ئۆگەنگەن؟
—
ئەرۋاھلارنىڭ ساداسىدىن،– دېدى كوماندىر پىدائىي جەڭچىسىگە جاۋاب بېرىپ.
دېمىسىمۇ ئۇنىڭ «يۇمىلاق شەھەر» بىلەن «بارچۇق سېپىلى»نى ئېلىشتىكى
كوماندىرلىق ئىقتىدارى ۋە قارا غىلجىرنى ئېتىپ چۈشۈرۈشتەك مەرگەنلىك
ماھارىتى قول ئاستىدىكىلىرىنى ئۇنىڭغا چوقۇندۇرغانىدى. ئەمدى ئەمدى ئۇنى
ھەممىسى سۆزسىز ھۆرمەتلەيدىغان بولغانىدى. ئۇ — بومباردىمان زەربىسىدە
قۇربان بولغان پىدائىيلارنى دەپنە قىلىپ، يارىدارلارنىڭ داۋالاتقۇزدى.
ئەسىرگە ئېلىنغان ليۇتچىكلارنى سوراق قىلىش ۋەزىپىسىنى مۇيىدىن سەنمۇجاڭغا
تاپشۇرغاندىن كېيىن، پۈتۈن قىسىملىرىنى باشلاپ ئاقسۇ دەريا ساھىلىغا قاراپ
يولغا چىقتى.
توققۇزىنچى باب
تىركىشىش
1
تارىمنىڭ ئەڭ چوڭ تارمىقى بولغان ئاقسۇ دەرياسى تەڭرىتاغنىڭ خانتەڭرى ۋە
تۆمۈر چوققىلىرىنىڭ قار-مۇزلىرىدىن ھاسىل بولۇپ، ئۆركەشلەپ ئېقىپ كېلىدىغان
نۇرغۇن ئېقىنلارنىڭ بىرىكمىسى ئىدى. ئۇ ھېسابسىز مۇنبەت زېمىنلارنى
سۇغىرىپ، بۇ زېمىنلارنى باغۇ-بوستانلىققا ئايلاندۇرغانىدى.
ئىسھاق تاغا بىرمەھەل دەريانىڭ شىمالىدا شتاب تەس
|