|
ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەت ۋە خېيىم ـ خەتەرلەر
ئەردوغان ئىلگاز
ئۇيغۇرلار ــ دۇنيادا ئەڭ مول مەدەنىي بايلىققا (ئالاھىدىلىكلەرگە) ئىگە
بولسىمۇ، بۇ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەركىن ـ ئازادە ئىپادىلىيەلمەيۋاتقان،
ھەتتا ئۆز ئەتراپىدىكى تارىخىي ۋەسىقىلەر ئاتا قىلغان كىملىكىنىمۇ
خالىغانچە جاكارلىيالمايۋاتقان بىر مىللەتتۇر. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى
تېرىتورىيىسى ئىچىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم
رايونى) دا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، بۇ تۇپراقتا ئىقتىسادىي، سىياسىي،
مەدەنىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئېغىر دەرىجىدە بېسىمغا دۇچار قىلىنماقتا.
ئۇيغۇلار ج خ ج (جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى) تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان
سىياسەتكە قارشى مۇجادىلە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىغا
چىقىپ، دۇنيانىڭ بۇلۇڭ ـ پۇچقاقلىرىغىچە تارقىلىپ كەتكەن بولۇپ، دۇنيانىڭ
ھەر قانداق بىر يېرىدە شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر بىلەن ئۇچرىشىپ
قالسىڭىز، ھەرگىزمۇ ھەيران قالمىغايسىز. چۈنكى ئۇلار بېسىم ۋە زۇلۇمنىڭ
دەستىدىن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە چېچىلىپ كەتتى.
ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە باشقا بارلىق
پائالىيەتلىرىنى ئۆزلىرى يېتىپ بارغان ياكى بېرىشقا مەجبۇر بولغان تۈركىيە
ۋە باشقا دۆلەتلەردە قۇرۇلغان جەمئىيەت ـ تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق
سۈردۈرمەكتە.
بۇ
جەمئىيەتلەر ئۇيغۇلارنىڭ ھەقلىق مۇجادىلىسىنى نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈش يولىدا
ياردەمچى رول ئويناۋاتامدۇ ياكى دۆلەت ئورگانلىرى بۇلارغا جىددىي تۈستە
مۇئامىلە قىلىۋاتامدۇ؟ بۇلار بىز ئۈچۈن نامەلۇم. ئەمما بۇ جەمئىيەتلەردىن
بىزنىڭ كۆزىمىزگە ئېلىشىپ قېلىۋاتقان ۋەھىمىلىك مەنزىرىلەر بىزنى بەكمۇ
تەشۋىشكە سالماقتا. 2006 ـ يىل 24 ـ نويابىردىن 26 ـ نويابىرغىچە
گىرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھىرىدە ئېچىلغان
«دۇنيا
ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»
نىڭ 2 ـ ئومۇمىي يىغىنىنى بۇ مەنزىرىلەرنىڭ ئەڭ يېڭى كۆرۈنۈشى دەپ قاراشقا
بولىدۇ. ئا ق ش، كانادا، ئاۋىستىرالىيە، ئەنگىلىيە، گوللاندىيە، تۈركىيە،
فرانسىيە، ئاۋىستىرىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيە، قازاقىستان ۋە
قىرغىزىستاندىن كەلگەن 150 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋەكىلىدىن باشقا، گىرمانىيە
جۇمھۇر رەئىسى ھورست كۆھلەر، باش مېنىستىر ئانگېلا مەركەل ۋە ئىچكى ئىشلار
مېنىستىرى ۋولفگان سىچابىل قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى، يېشىللار پارتىيىسى،
ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ۋە سىياسىي پارتىيە مەنسۇپلىرى، ھەرقايسى
ئۆلكىلەرنىڭ پارتىيە رەھبەرلىرى، تۈرك مۇخبىرلار بولۇپ، جەمئىي 200 گە
يېقىن كىشى قاتناشقان بۇ يىغىننىڭ ئالدىنقى قۇرۇلتايغا قارىغاندا
باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ كۆپ تارتقانلىقى ئېنىق كۆرۈلمەكتە. ئەمما
مۇنداق كەڭ دائىرىلىك قوللاپ ـ قۇۋۋەتلەشلەرگە ئېرىشكەن بىر يىغىننى ج خ ج
دىپلوماتلىرىنىڭ تاقىۋېتىشكە ئۇرۇنۇشى ۋە بۇ ئىشنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىغىچە
يېتىپ بېرىشى، ج خ ج نىڭ غالجىرانە پوزىتسىيىسىنى يەنە بىر قېتىم
ئاشكارىلاپ بەردى. خىتاي دىپلوماتلار يېشىللار پارتىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسى
كلودىيا روت بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ بۇ يىغىنغا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان
بولسىمۇ، كلودىيا روتنىڭ ئۇلارغا بەرگەن جاۋابى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ
دىققىتىنى جەلپ قىلىدۇ. ك. روت ئۆز دۆلەت تەۋەلىكىدە ئۆزى خالىغان يىغىن ـ
يىغىلىشقا قاتنىشالايدىغانلىقىنى ۋە ھېچكىمنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقىنىڭ
يوقلۇقىنى ئېيتقانىدى. شۇنداقتىمۇ، گىرمانىيە بىخەتەرلىك خادىملىرى بىر
تەرجىمان ئارقىلىق يىغىننى باشتىن ـ ئاخىرغىچە كۆزىتىپ تۇرغان.
قۇرۇلتاينىڭ ھەر قېتىمقىدىن كەڭ دائىرىدە ئېتىبارغا ئېرىشكەنلىكى ئېنىق،
ھەتتا 29 ـ نويابىر كۈنى، ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس
مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپتۇ.
مانا
بۇ خەۋەرلەر دىققەتنى جەلپ قىلىپلا قالماي، ئىنساننى ئىچ ـ ئىچىدىن
سۆيۈندۈرىدۇ. ئەمما ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ قوللاش خاراكتېرلىك بۇ
پوزىتىسىيىسىنىڭ ئارقا پىلانىدىكى ھېسابلىرىنىڭ تېگى ـ تەكتىگە يېتىش
لازىم. شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇنداق ئانالىزغا موھتاج. چۈنكى
ئۇلار مىسلىسىز كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگە بىر ھۆكۈمەتكە قارشى مۇجادىلە ئېلىپ
بارماقتا.
بۇ
قېتىملىق يىغىندا رابىيە قادىر
«دۇنيا
ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»
نىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، رابىيە قادىر ئامېرىكىدا
ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر بولۇپ، خىتاي تۈرمىلىرىگە ئالتە يىل
قامالغاندىن كېيىن، ھەر خىل ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ شىددەتلىك
بېسىمى نەتىجىسىدە، مەلۇم شەرتلەر بىلەن قويۇپ بېرىلگەن. رابىيە قادىردىن
تەلەپ قىلىنغان شەرتلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيەت ـ تەشكىلاتلىرىغا
يېقىنلاشماسلىقى ئىدى. ئەمما رابىيە قادىر ئۇنداق قىلمىدى ۋە جۇڭگو
چېگرىسىنىڭ سىرتىغا چىقار ـ چىقماي شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان
بېسىم ۋە زۇلۇملارغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى. ئەلۋەتتە،
بۇ تۈپەيلىدىن تارتقان زىيىنى ئاز ئەمەس. خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىرنىڭ
ئىش ـ ھەرىكەتلىرىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قوللىرىدا كوزىر سۈپىتىدە
قېلىپ قالغان ئوغۇللىرىنى دەرھال قاماققا ئالدى.
”ئۇيغۇرلارنىڭ
مەنىۋى ئانىسى“
دەپ سۈپەتلەنگەن رابىيە قادىر بۇ قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانغا خاس،
ئەركىن ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن، مۇجادىلىسىنى ئاخىرقى نەپسىگىچە
داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، خىتاي دائىرىلىرىگە جاۋاب
بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمىغانىدى.
«دۇنيا
ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»
نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىنمۇ بۇ قۇرۇلتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا
ۋە سىرتىدا ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك مەنپەئەتىگە
ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ۋە جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان
سىياسىي بېسىملارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەركىن
ئالىپتېكىن يەنە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىدا
ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان يوقىتىش، ئۆلتۈرۈش، ئاسىمىلاتسىيە
قىلىش سىياسىتىنى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا پاش قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى
ئىپادىلەپ ئۆتتى. شۇ كۈنى، قۇرۇلتايغا قاتناشقان 150 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ
تەشكىللىنىشى بىلەن گىرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھىرىدىكى جۇڭگو باش
ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا قارشىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
ج خ
ج نىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى شەرقىي تۈركىستان، كۈنىمىزدە ھەر تۈرلۈك
ئاسىمىلاتسىيە سىياسەتلىرى تەجرىبە قىلىنىدىغان لاباراتورىيەگە ئايلىنىپ
قالدى. ئۇيغۇرلار بۇ ئاسىمىلاتسىيە سىياسەتلىرىگە قارشى چىقىپ، مەدەنىي
ئالاھىدىلىكلىرىنى قوغداپ قېلىشقا تىرىشماقتا. ئەمما بۇ ھەقىقەتەن ئاسان
ئىش ئەمەس. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارشىسىدا 1 مىليارد 350 مىليون نوپۇسقا ۋە
”دۇنيانىڭ
يېڭى چاقنىغان يۇلتۇزى“
دەپ سۈپەتلەنگۈدەك دەرىجىدە ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە جۇڭگو ھۆكۈمىتى بار.
جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە نوپۇسى ئارقىلىق دۇنيا سەھنىسىدىكى كۈچ
تەڭپۇڭلۇقى جەھەتتىن تەسىرچان ئورۇنغا ئۆتۈشىنىڭ باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەرنى
ساراسىمىگە سېلىشى نورمال ئەھۋال ـ ئەلۋەتتە! بولۇپمۇ، ياۋرۇپا دۆلەتلىرى
بىلەن ئامېرىكا بۇ ھادىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە ئەندىشە
ھېس قىلماقتا. جۇڭگونىڭ بەزى تېمىلاردا تەسىرلىك ئورۇنغا ئۆتۈپ قېلىشىنى
خالىمايدىغان بۇ دۆلەتلەر، جۇڭگونىڭ
”يۇمشاق
بېقىنى“
دىن پايدىلىنىش ئۇسلۇبىنى قوللانماقچى بولۇۋاتىدۇ.
جۇڭگوغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىۋاتقان بۇ دۆلەتلەر شەرقىي
تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەت ۋە ئىنسان
ھەقلىرىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ھازىرقى جۇڭگونىڭ
”يۇمشان
بېقىن“
ى سۈپىتىدە كۆرمەكتە. ئەمما ئۇلار ئىرانغا قارىتىلغان ”ئىقتىسادىي
ئېمبارگو“ غا ئوخشاش سىياسەتنى جۇڭگوغا قاراتمايۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار
جۇڭگونىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان مال ۋە خىزمىتىدىن
پايدىلىنىۋاتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈش
ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە توغرا كەلمەيۋاتىدۇ.
بۇ
يەردە يەنە بىر مەسىلىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ئۇيغۇرلارنىڭ
ئۈستىدىن سىياسەت يۈرگۈزمەكچى بولۇۋاتقان باشقا بىرىلىرىمۇ بار بولۇپ،
ئۇلار ”ئىسلامىي تەشكىلاتلار“ دۇر. بۇ تەشكىلاتلار بىر ۋاقىتلاردا چېچەن
خەلقى ئۈستىدىن رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى، بۇ قېتىم ئۇيغۇرلار
ئۈستىدىن جۇڭگوغا يۈرگۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ.
شەكىللەنگەن مەنزىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ھەقىقەتەن نەقەدەر قىيىن
ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جۇڭگوغا ئوخشاش غايەت زور دۈشمەن ۋە
ئۈستىدىن سىياسەت يۈرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار.
ھازىرقى ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار يولغا قويىدىغان سىياسەت بەكمۇ مۇھىم. چۈنكى
ئۆتكۈزۈلگەن بىر خاتالىق ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار تېخى ھازىرغىچە ھېچكىم بىلەن
رەسمىي مۇناسىۋەت ئورناتمىدى. ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىگە ھازىرلاپ
بەرگەن ئىمكانىيەتلىرى، ”سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر ھۆكۈمىتى“ نىڭ ئامېرىكىدا
قۇرۇلۇپ، پائال خىزمەتكە كىرىشى قاتارلىق ھادىسىلەر، بۇ ھەقتىكى
سوئاللىرىمىزنى تېخىمۇ كۆپەيتمەكتە. ئەمما بۇ مۇناسىۋەتنى تۇتقا قىلىپ
تۇرۇپ: ”ياۋرۇپا دۆلەتلىرى (بولۇپمۇ گىرمانىيە) ئۇيغۇرلارنى جۇڭگوغا قارشى
قوللىنىدىغان بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن
كۆڭۈل بۆلمەكتە“ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ئۇيغۇر
جەمئىيەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ بىلىپ ـ بىلمەي بۇ خىل ئالاقىلارنى ئورنىتىشىنى
خىيال قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئىدىئولوگىيىلىك قېلىپلارغا چۈشۈرۈلۈپ، ”ئىسلامىي
تەشكىلات“ شەكلىگە كىرگۈزۈلۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئا ق ش ياكى ياۋرۇپا
دۆلەتلىرى بىلەن بولغان بۇ مۇناسىۋەتلىرىدىنمۇ بەكرەك خەتەرلىكتۇر. چۈنكى ج
خ ج نىڭ يېقىنقى زاماندىن بېرى، بولۇپمۇ 11 ـ سىنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيان،
مۇشۇ جەھەتكە زور دەرىجىدە كۈچ سەرپ قىلماقتا. يەنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بارلىق
ئۇيغۇرلارنى رادىكال ئىسلامچىلار تەشكىللىكىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغۇچىلار
قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا.
بىز
شەخسەن مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئاتىلارنىڭ
ئەۋلادلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ
ئىدىئولوگىيىلەرنىڭ ئوبيېكتىگە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ زىيانلىرىنى ئوبدان
بىلىمىز. ئۇندىن باشقا، بېقىنىمىزدىكى چېچەنىستاننى بۇنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى
قىلىپ كۆرسىتىشكىمۇ بولىدۇ. چېچەنىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ
ھەرىكەتلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ياۋرۇپالىقلار، چېچەنىستان مىللىي
مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئىسلامىي تۈسكە كىرىشى بىلەنلا، دەرھال ئۆزلىرىنى
چەتكە ئالدى. ۋاھابىيلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان چېچەن مۇستەقىللىق
ھەرىكىتى مۇشۇ شەكىلدە داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا، پەرقلىق تەشكىلات
قۇرۇلمىسىغا ئىگە ئاز سانلىق دۆلەتلەردىن باشقا ھېچبىر دۆلەتنىڭ كېرەكلىك
ياردىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بەلگىلىمىلىرى ئارىسىدىكى: ”دىن بىلەن سىياسەت
ئىشلىرىنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئايرىم تۇتۇلۇشى“ دېگەن ”ئەلمانىي“ ئىپادىلەرنىڭ
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا دىنچى ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىمى بىلەن بەلگىلىمىدىن
چىقىرىپ تاشلىنىشىنى، خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ سىگنالى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
قۇرۇلتايدا بۇ قارارنىڭ ئېلىنىشى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىگە
”ئىسلامىي تەشكىلات“ دېگەن نامنى چاپلىشىغا تېخىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ
بەردى. مانا بۇ، بەكمۇ چوڭ ۋە مۇھىم خاتالىقتۇر.
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خاتالىقنى تونۇپ
يېتىپ، باشقا ئۇيغۇرلارنى دەرھال ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن
بىرگە، مەدەنىيەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن بۇ نەسەبداش مىللەتنىڭ ھەقلىق
مۇجادىلىسىنى ھەر زامان چىن دىلىمىزدىن قوللايدىغانلىقىمىزنى ئەسلىتىپ
قويماقچىمەن.
شەرقىي تۈركىستاندا تېرورلۇق سىنارىيىسى
ئەردوغان ئىلگاز
ئىنسانلار بەزى تېمىلارغا قىزىقىپ، شۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلىدۇكى، ئاستا ـ ئاستا
ئۇ تېمىلار ھەققىدە تەخمىن ۋە پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان دەرىجىگە
بېرىپ يېتىدۇ. ئەمما ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ھەمىشە ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد
قىلىدىغان بىرەر مەسىلە توغرىسىدىكى يامان پەرەزلىرىنىڭ توغرا چىقىپ
قالماسلىقىنى پەقەتلا خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇ پەرەز توغرا چىقىپ قالغان
تەقدىردە، مەسىلىنىڭ ھەمىشە ياخشى بولۇشى ئۈچۈن قىلغان ئۈمىد ـ تىلەكلىرى
سۇغا چىلىشىدۇ.
مەنمۇ مۇشۇنداق بىر ھېسسىياتقا دۇچ كېلىۋاتىمەن ۋە بۇ ھېسسىيات مېنى بەكمۇ
خەۋپسىزلەندۈرىۋاتىدۇ. تېخى يېقىندىلا، ئېنتېرنېت ژورنىلىمىزدا: ”ئۇيغۇرلارغا
قارىتىلغان سىياسەت ۋە خېيىم ـ خەتەرلەر“
دېگەن تېمىدا بىر ماقالە يېزىپ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بەزى خەتەرلىك
ئەھۋاللار ھەققىدىكى پەرەزلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم.
ماقالەمدە ”ئالەمشۇمۇل رولچى“ سەۋداسىدىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي
تەرەققىياتىنى يۇقىرى نىسبەتتە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ج خ ج غا قارشى سىياسىي
پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى؛ بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ شەرقىي
تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلاردىن جۇڭگونىڭ ”يۇمشاق بېقىنى“ سۈپىتىدە
پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى؛ جۇڭگونىڭ بولسا، 11 ـ سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن
ئوتتۇرىغا چىققان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارغا
”ئىسلامچى تېرورىست“ دېگەن قالپاقنى ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى؛ دەل مۇشۇ ھەل
قىلغۇچ پەيتتە، 2006 ـ يىل 11 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنىدىن 26 ـ كۈنىگىچە،
گىرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ”دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى“ دا،
«دىن
بىلەن سىياسەت بىر ـ بىرىدىن ئايرىم تۇتۇلۇشى»
دېگەن ”ئەلمانىي“ ئىپادىنىڭ دىنچى ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە ”دۇنيا
ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بەلگىلىمىلىرى“ دىن چىقىرىپ تاشلىنىشىنىڭ، خەتەرلىك
ئەھۋاللارنىڭ سىگنالى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئوچۇق
ئىپادىلىگەنىدىم.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
(ئەگەر راست بولسا) بۇ ئەندىشىلىرىمنى توغرىلىماقتا. خەۋەرنىڭ راست ـ
يالغانلىقى ھەققىدە ئىككىلەنگەنلىكىمىزنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق. چۈنكى جۇڭگو
ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانچىلىك ئوبيېكتىپ
ئىكەنلىكى، ئىنسان ھەقلىرىنى نەقەدەر ئېتىبار بېرىدىغانلىقى، ئەركىنلىككە
نەقەدەر ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ھەممىمىزگە بەش قولدەك ئايان.
جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا
بىلدۈرۈشىچە، شىنجاڭ ساقچى دائىرىلىرى يېقىندا ”شەرقىي تۈركىستان ئىسلام
ھەرىكىتى“ گە ئائىت بىر تېرورلۇق ئۇۋىسىغا بېسىپ كىرىپ، 18 نەپەر
تېرورىستنى ئۆلتۈرۈپ، 17 تېرورىستنى نۇرغۇنلىغان قورال ـ ياراق بىلەن بىللە
قولغا چۈشۈرگەن.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەيدانغا كەلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ
ئۆز تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشقا سەل قارىمىدى ۋە بۇ ۋەقەنى
سىتاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر خىيالىي ئارقا
پىلان بىلەن بېزەپ، تارمار قىلىنغان ”شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى“
نىڭ جۇڭگوغا تەھدىت سېلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن پەقەت
بىرى ئىكەنلىكىنى، ھەر خىل تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يېقىنقى ئون يىل
ئىچىدە شىنجاڭدا 260 قېتىمدىن ئارتۇق تېرورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ
بارغانلىقىنى، بۇ ۋەقەلەردە 160 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 440 تىن ئارتۇق
ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
سانلىق مەلۇماتلار بىلەن بىلدۈرۈلگەن بۇ ۋەقەنىڭ ”شەرقىي تۈركىستان ئىسلام
ھەرىكىتى“ ئىسىملىك تەشكىلاتقا باغلىنىشى، ئالدىراقسانلىق بىلەن يېزىلغان
سىنارىيەدۇر. چۈنكى
AP
ئاگېنتلىقى بايان قىلغاندەك، دېپلومات ۋە مۇتەخەسسىسلەر بېيجىڭنىڭ ”شەرقىي
تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى“ گە ئارتىپ قويغان ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ
ئەسلىدە شەخسىي ئاداۋەت تۈپەيلىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە ۋە
جۇڭگونىڭ بۇ تەشكىلات ئۈچۈن تەييارلىغان ئەيىبنامىسىگە گۇمانىي كۆز قاراش
بىلەن يېقىنلىشىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
بۇ
ۋەقەنى پۈتۈن دۇنياغا ئۇزۇن زاماندىن بېرىپ تەييارلاپ قويغان قېلىپىغا
سېلىپ بىلدۈرگەن جۇڭگونىڭ بۇ ئۇرۇنۇشىنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي
ئەھۋالى ۋە جۇڭگونىڭ ئۇ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىش ـ ھەرىكەتلەردىن
خەۋەرسىز كىشىلەر بارلىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە ”ئىسلامچى تېرورىست“ دېگەن
تونۇشقا كېلىشى تۇرغانلا گەپ.
ھازىرقى مەنزىرە مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت بولۇپ، ئەپسۇسلىنارلىقى، مەن
ئالدىنقى ماقالەمدە مۇشۇنداق ئېھتىماللىقنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن
خاۋاتىرلىنىۋاتقانلىقىمنى يازغانىدىم.
بۇ
يەردە، سۆزلىرىمنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىلىشى ۋە ئېتىبارغا ئېلىنىشى
ئۈمىدىدە ئالدىنقى ماقالەمنىڭ بەزى قىسىملىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ
ئۆتمەكچىمەن.
«ھازىرقى
ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار يولغا قويىدىغان سىياسەت بەكمۇ مۇھىم. چۈنكى
ئۆتكۈزۈلگەن بىر خاتالىق ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.»
«ئۇيغۇر
ھەرىكىتىنىڭ ئىدىئولوگىيىلىك قېلىپلارغا چۈشۈرۈلۈپ، ”ئىسلامىي تەشكىلات“
شەكلىگە كىرگۈزۈلۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئا ق ش ياكى ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بىلەن
بولغان بۇ مۇناسىۋەتلىرىدىنمۇ بەكرەك خەتەرلىكتۇر. چۈنكى ج خ ج نىڭ يېقىنقى
زاماندىن بېرى، بولۇپمۇ 11 ـ سىنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيان، مۇشۇ جەھەتكە زور
دەرىجىدە كۈچ سەرپ قىلماقتا. يەنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بارلىق ئۇيغۇرلارنى
رادىكال ئىسلامچىلار تەشكىللىكىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغۇچىلار قىلىپ
كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا.»
«بىز
شەخسەن مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئاتىلارنىڭ
ئەۋلاتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ
ئىدىئولوگىيىلەرنىڭ ئوبيېكتىگە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ زىيانلىرىنى ئوبدان
بىلىمىز. ئۇندىن باشقا، بېقىنىمىزدىكى چېچەنىستاننى بۇنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى
قىلىپ كۆرسىتىشكىمۇ بولىدۇ. چېچەنىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ
ھەرىكەتلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ياۋرۇپالىقلار، چېچەنىستان مىللىي
مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئىسلامىي تۈسكە كىرىشى بىلەنلا، دەرھال ئۆزلىرىنى
چەتكە ئالدى. ۋاھابىيلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان چېچەن مۇستەقىللىق
ھەرىكىتى مۇشۇ شەكىلدە داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا، پەرقلىق تەشكىلات
قۇرۇلمىسىغا ئىگە ئاز سانلىق دۆلەتلەردىن باشقا ھېچبىر دۆلەتنىڭ كېرەكلىك
ياردىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ.»
ئاخىرىدا، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلاردىن بەزى
مۇھىم شەخسلەرنىڭ ”دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى“ دىكى كۈچلۈك ئىمتىيازىدىن
پايدىلىنىپ، باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىش
ئېھتىمالى بولغان خەتەرلىك ئەھۋاللار ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇشىنى ۋە
يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىرلىرى بولسا، ئوتتۇرىغا
قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
|