|
شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىكككە
قارشى تۇرۇش كۈرەش تارىخى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە
كومىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقاتى
ئىشخانىسى تۈزدى
باش
مۇھەررىر : شۈي يۈيچى
مۇئاۋىن باش مۇھەررىر: چېن يىشەن
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەرجىمە باشقارمىسى تەرجىمە قىلدى
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
تەرجىمە قىلغۇچىلار:
ماخمۇت مەمەت، قۇربان مەمەت
ئىلھام ۋەلى، كۈرەش تۇرسۇن
ئەخمەتجان مەمەت، ماخمۇت نىياز
سادىق ئابلاجان، قاھار ئوسمان
غالىپ ياسىن، ھەجەرگۈل ئەمەت
غالىپ مەمەت
مۇندەرىجە
كىرىش سۆز
1.
1840 - يىلىدىن 1932. يىلىغىچە شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان تاجاۋۇزچىلىققا،
بۆلگۈنچىلىككە قارشا تۇرۇش كۈرەشلىرى
2.
1933 - يىلىدىكى "شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى" نىڭ گۇمران بولۇشى
3.
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مىللىي
بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرەشلىرى
4.
ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ سۈيقەستلىك
ھەرىكەتلىرىنىڭ تارمار قىلىنىشى
5.
خوتەن خەلقىنىڭ 50 - يىللاردا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئېلىپ بارغان
كۈرىشى
6.
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە "شەرقى تۈركىستان پارتىيىسى" نىڭ
قەپەستىن چىقىشى ۋە يوقىتىلىشى
7.
80 - يىللاردا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ توپىلاڭغا ۋە مالىمانچىلىققا
قارىشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى
8.
ئىدېئولخگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىك بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش
9.
بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق توپىلاڭنى تىنچىتىش
10.
ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلەر پەيدا قىلغان
بىر قاتار دېلولارنى تارمار قىلىشى
11.
قەشقەردە يۈز بەرگەن "12 - ماي" قاتىللىق دېلوسىنى پاش قىلىش
12.
غۇلجىدىكى "5 - فېۋرال" ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاشتەك پاراكەندىچىلىك سېلىش
ۋەقەسىنىڭ تىنضىتىلىشى
خاتىمە
كىرىش سۆز
ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي
مۇقىملىقنى ساقلاش-ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە جۇڭگوچە سوتسيالىزم
قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي
تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيلىقىغىمۇ
مۇناسىۋەتلىك. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشى ۋە
مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق ئۆتۈشى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، روناق تېپىشى، خەلقنىڭ
خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى؛ ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا،
بۆلىنىش ۋە مالىمانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ، دۆلەت ۋە مىللەت زور بالايىئاپەتكە
قالىدۇ. نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ئاساسلىق خەۋپ
مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش
ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مىللىي بۆلگۈنچىلىككە بايراق
روشەن ھالدا قارشى تۇرۇش كېرەك. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ،
ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىغانلىق دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتىنى، شۇنداقلا
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغدىغانلىق.
مىللىي بۆلگۈنچىلىك بۇرژۇئا مىللەتچىلىكىنىڭ كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتىكى بىر
خىل چېكىدىن ئاشقان ئىپادىسى، ئۇ مىللەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، مىللىي
بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان بىرخىل
ئەكسىيەتچىل پىكىر ئېقىمى ۋە ئەكسىيەتچىل سىياسىي كۈچ. ئۇزۇندىن بۇيان،
مىللىي بۆلگۈنچىلەر شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا. شىنجاڭ
ئازاد بولغاندىن كېيىنمۇ تاشقى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر شىنجاڭنى پارچىلاش،
ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىنى توختاتقىنى يوق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۇلارنىڭ
جىنايى ھەرىكىتىنى دەسلەپتىلا توسقان ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان، ئۇلار
جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۇستەھكەم ئارقا تۈۋرۈكى ئالدىدا ۋە
قۇدرەتلىك خەلق دېموكراتىيىسىنىڭ ھەيۋىسى ۋە زەربىسىدە قايتا-قايتا
شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھەرگىزمۇ مەغلۇبىيىتىگە
تەن بەرمەيدۇ، ئۇلار پۇرسەت تاپقان ھامان سەكرەپ چۈشۈپ، بۇزغۇنچىلىق،
مالىمانچىلىق تۇغدۇرىدۇ.
80 -
يىللاردىن بۇيان، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى
يەنە كۈچىيىپ كەتتى، ئۇلار غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ دۆلىتىمىزنى تىنچ
ئۆزگەرتىۋېتىش ئىستىراتېگىيىسگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر
بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، يىراقتىن ماسلىشىپ، شىنجاڭدا ۋەقە تۇغدۇرۇش،
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇش، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش،
سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك
پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىگە قارشى تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسىنى
ئاغدۇرۇش، ئاتالمىش "شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" قۇرۇشقا ئۇرۇندى. مىللىي
بۆلگۈنچىلەرنىڭ سۇيىقەست پىلانلاش، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشتىكى
ئاساسلىق ۋاسىتىسى تۆۋەندىكىچە : پانتۈركىزم، پانئىسلامىزمدىن ئىبارەت
ئەكسىيەتچىل ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىش؛ شىنجاڭنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاش، شىنجاڭ
بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش؛ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئازارلىق
سېلىش، مىللىي قارشىلىقنى كۈشكۈرتتى، مىللىي ماجىرا تۇغدۇرۇش، خەنزۇلارغا
قارشى تۇرۇش، خەنزۇلارنى چەتكە قېقىشنى تەرغىب قىلىش؛ دىنىې ئەسەبىيلىكنى
قۇترىتىپ "غازات" قىلىشقا چاقىرىش؛ ئەكسىيەتچىل تايانچلارنى يېتىشتۈرۈش،
ئەكسىيەتچىل تەشكىلاتلارنى قۇرۇش؛ مالىمانچىلىق پەيدا قىلىش، يوشۇرۇن
ئۆلتۈرۈش، پارتلىتىش قاتارلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش، ھەتتا
قوراللىق توپىلاڭنى پىلانلاش ۋە تەشكىللەش. شىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي
مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان نۇرغۇن ئامىللار ئىچىدە مىللىي
بۆلگۈنچىلىك-ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەڭ مۇھىم، ئەڭ
خەتەرلىك ئامىل، شۇنداقلا جەمئىيەتكە، سىياسىيغا، ئىقتىسادقا خەۋپ
يەتكۈزىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل. شۇڭا ئۇ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر
يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق خەۋپ ھېسابلىنىدۇ.
مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۆرۈشىمىز بىر مەيدان ئېغىر سىياسىي كۈرەش،
مۇئەييەن دائىرىدىكى پەۋقۇلئاددە سىنىپىي كۈرەش، شۇنداقلا ۋەتەننىڭ
بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مىللەتلەرنىڭ
تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش، مىللەتلەر
ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇش، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش
ئوتتۇرىسىدىكى ھايات-ماماتلىق كۈرەش، كۈرەشنىڭ يادروسى يەنىلا ھاكىمىيەت
مەسىلىسىدۇر. 1992- يىلى يولداش جياڭ زېمىن مەركەزدە ئېچىلغان مىللەتلەر
خىزمىتى يېغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: " جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا
يۈز بەرگەن مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى چەتئەلدىكى
تاجاۋۇزچى كۈچلەر پىلانلاپ قوزغىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلەر ئەزەلدىن چەت
ئەلدىكى تاجاۋۇزچى كۈچلەرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا رايونى زېمىنىنى
بۆلۈۋېلىشىگە ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىدىغان كۈچ بولۇپ كەلدى. ئۇلار ھەم
ۋەتەنگە خائىنلىق قىلدى، ھەم ئۆز مىللىتىنى ساتتى، ئۇلار دۆلەت ۋە مىللەت
ئالدىدىكى جىنايەتچى. “
جاھانگىرلار ۋە چەتئەلدىكى دۈشمەن كۈچلەر دۆلىتىمىزگە تاجاۋۇز قىلىش،
دۆلىتىمىزنى پارچىلاش ئۈچۈن ھامان بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ، مىللىيى
بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنى ئۆزىنىڭ ۋاكالەتچىسى قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ ۋە ئۇلاردىن
پايدىلىنىدۇ؛ مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارمۇ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش
"شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" قۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، چەتئەلدىكى
تاجاۋۇزچى كۈچلەرنى ئۆزىگە تايانچ قىلىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا موھتاج
بولىدۇ، شۇڭا مىللىي بۆلگۈنچىلەر بىلەن چەت ئەلدىكى تاجاۋۇزچى كۈچلەر
ئەزەلدىن ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، بىر - بىرىدىن پايدىلىنىپ، بىرلىشىپ
ئەسكىلىك قىلىدۇ.
مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى كىشىلەرنىڭ
ئىرادىسىگە باقمايدۇ. خەلقئارادا دۈشمەن كۈچلەر مەۋجۇدلا بولىدىكەن،
مەملىكەت ئىچىدە ئېكسپىلاتاتسىيە سىنىپىنىڭ قالدۇق كۈچلىرى مەۋجۇدلا
بولىدىكەن، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى كۆرۈشىمىز توختىمايدۇ. شۇڭا
مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۆرۈش ئۇزاق مۇددەتلىك، مۈشكۈل، مۇرەككەپ
كۆرۈش، ئۇ بەزىدە تېخى ناھايىتى كەسكىن بولىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا تونۇشنى
ئۆستۈرۈشىمىز، يۈكسەك ھۇشيار بولىشىمىز، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىقىمىز
كېرەك. يولداش جياڭ زېمىن شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنداق دەپ
تەكىتلەپ كۆرسەتتى: “ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار
بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل
يولداشلار قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەممىسى پارتىيە ۋە
دۆلەتنىڭ كادىرى، ھەممىسى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى ئۆزىنىڭ باش
تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى قىلىشى كېرەك. مىللەتلەر
ئىتتىپاقلىقىغا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى بىلەن
شۇغۇللانغانلارنىڭ مەيلى قانداق ئادەم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇنداق
ھەرىكەتلەرنى پىلانلىغان ئۇنىڭغا قاتناشقان ئادەملەرنىڭ مەيلى قايسى
مىللەتتىن بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەممەيلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇلارغا
قەتئىي قارشى تۇرۇشى، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشى، ھەرگىز يۇمشاق
قوللۇق قىلماسلىقى كېرەك. بۇنداق زور مەسىلىدە قىلچە ئىككىلىنىشكە، ھەر
قانداق چېكىنىش ۋە يول قويۇش پوزىتسىيىسىدە بولۇشقا بولمايدۇ، بۇمۇ پۈتۈن
ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئۈچۈن مۇھىم سىناق. رەھبىرىي
كادىرلارنىڭ ئۆزىنىڭلا بايرىقى روشەن بولىشى كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇلار ھەر
مىللەت ئاممىسىنى تولۇق قوزغاپ ۋە تەشكىللەپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى
"كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر-ئۇرغا قالغان" دەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى كېرەك.
شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسى، شىنجاڭدىكى ھەر
مىللەت خەلقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننىڭ
چېگرا رايونىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە زېمىن
پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن تىلدا داستان بولغۇدەك قەھرىمانانە كۈرەشلەرنى
ئېلىپ باردى، ئۇلار شىنجاڭدا تاجاۋۇزچىلىققا، بۆلگۈنچىلىككە قارىشى تۇرۇش
كۈرىشىدىكى تايانچ كۈچ. تاجاۋۇزچىلىققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش
كۈرىشىدە ھەر مىللەت خەلقى بىر - بىرىنى قوللاپ، ئىتتىپاقلىشىپ دۈشمەنگە
تاقابىل تۇرۇپ، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىخىنى
ئورتاق يارىتىشتەك ئۇلۇغۋار مۇساپىدە تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان
شىجائەت بىلەن نۇرغۇن شانلىق سەھىپىلەرنى ياراتتى. ۋەتەنپەرۋەرلىك،
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ
مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتەك شەرەپلىك تارىخى ئەنئەنىسىنى جارى
قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر
ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ مىللەتلەر
سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت
خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەت،
پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى
قوغداش يولىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ
ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تىنچ،
ئىتتىپاق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان شىنجاڭنى 21 - ئەسىرگە ئېلىپ كىرىش
ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرۈش قىلىشىمىز لازىم.
1.
1840 - يىلىدىن 1932 - يىلىغىچە شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان تاجاۋۇزچىلىققا،
بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرەشلىرى
چىڭ
سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، 1667 - يىلى كاڭ شى ھاكىمىيەت بېشىغا
چىققاندىن باشلاپ بۈيۈك بىرلىك يولىدا پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى،
چيەنلۇڭ زامانىسىغا كەلگەندە، يەنى 18-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ ئاخىرقى
مەزگىللىرىدە، چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، تەڭرىتاغنىڭ
جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتىپ، ئىلى سانغۇن
مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، پۈتكۈل غەربىي يۇرت رايونىنى بىۋاسىتە تىزگىنلىدى.
1884 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ يەرلىك
ھاكىمىيىتى ئىچكى جايلارنىڭكى بىلەن تامامەن بىردەك قىلىنىپ، ۋىلايەت،
ناھىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭغا مەنسەپدارلارنى
ئەۋەتتى، شىنجاڭدا لەشكەر تۇرغۇزدى، باج ئالدى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ
ۋەتىنىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.
چىڭ
سۇلالىسى شىنجاڭغا بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىق قىلغان 150 نەچچە يىل داۋامىدا
شىنجاڭدا بەش قېتىم بىر قەدەر زور كۆلەمدە بۆلگۈنچىلىك، يېغىلىق ۋە تاشقى
دۈشمەنلەر تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش ۋەقە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئالدىنقى تۆت
قېتىمقىسى، يەنى جاھانگىر خوجا، يۈسۈپ، "يەتتە خوجا" ۋە ۋەلىخان
قاتارلىقلارنىڭ توپىلىڭى قوقەنتنىڭ قوللىشى ۋە قاتنىشىشى ئارقىسىدا يۈز
بەردى، ئاخىرقى قېتىملىق ۋەقەدىكى ئەھۋال بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ،
دەسلەپتە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى
قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ، قوزغىلاڭ ناھايىتى تېزلىكتە مەغلۇپ
بولغانلىقتىن، ئارقىدىنلا جايلاردىكى قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى
چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالغان فېئودال دىنىي كاتتىۋاشلار ئۆز - ئارا ئۇرۇشۇپ،
ئاخىرىدا قوقەنتنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى ياقۇپبەگ ۋە چارروسىيىنىڭ ھەربىي
جەھەتتىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە سەۋەبچى بولدى. ھەر قېتىملىق ئىچكى
يېغىلىق ۋە تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە
غايەت زور بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، كۆپ ئادەم ئۆلدى، ئىجتىمائىي
ئىشلەپچىقىرىش غايەت زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، بولۇپمۇ يېقىنقى
زاماندا تاشقى دۈشمەنلەر تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال
چېگرىسىدا ئېغىر بۇھران پەيدا قىلغانلىقتىن، جۇڭگو پارچىلىنىش خەۋپىگە دۇچ
كەلدى. لېكىن يۇقىرىدا ئېيتىلغان بەش قېتىملىق بۆلگۈنچىلىك، يېغىلىق ۋە
تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزى ۋاقىت جەھەتتىن ئېيتقاندا 20 يىلغىمۇ
يەتمەيدۇ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭغا
ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدىكى تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ
كەلدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە بىرلىكىنى
قوغداش يولىدا باشتىن ئاخىر، ئىگىلمەي - سۇنماي كۈرەش قىلىپ كەلدى. شىنخەي
ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ
تاجاۋۇزچىلىققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى توسالغۇسىز ھالدا تېخىمۇ
شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىپ، يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى.
رېئاللىقتىن ئېيتقاندا، تارىخ بىر پارچە ئەينەك، رېئاللىق تارىخنىڭ داۋامى
ۋە راۋاجى. يېقىنقى ئىككى ئەسىردە شىنجاڭدىكى ئارمىيە، خەلقنىڭ
تاجاۋۇزچىلىققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تارىخىنى
ئەسلىگىنىمىزدە، قىممەتلىك تەجرىبە-ساۋاققا ئىگە بولدۇق، شۈبھىسىزكى، بۇ
شىنجاڭنىڭ ھازىرقى تىنچ - ئىتتىپاق ۋەزىيىتىنى قوغداش، مىللىي
بۆلگۈنچىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشىمىز ئۈچۈن پايدىلىق.
1. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چار رۇسىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا
قارشى تۇرۇش كۈرىشى
ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دۆلەت كۈچى ئۇرۇشتىن بۇرۇنقىغا
قارىغاندا تېخىمۇ ئاجىزلاپ كەتتىم ئۇرۇش چىقىمىنى تۆلەش ئۈچۈن، غەربى شىمال
چېگرا رايونىنىڭ تىنچ بولۇشى بىلەن ھېسابلاشماي، شىنجاڭنىڭ ھەربىي
خىراجىتىنى ئازايتىش، ئىلى بازىسىدىكى باش ھەربىي ئورگاننى ئەمەلدىن
قالدۇرۇشتەك خاتا تەدبىر قوللىنىپ، تاجاۋۇزچىلىققا ئادەتلىنىپ كەتكەن چار
رۇسىيىگە پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بەرگەچكە، چار رۇسىيە جۇڭگونىڭ زېمىنى بولغان
شىنجاڭغا قارىتىلغان ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىقنى جىددىيلەشتۈردى.
چار رۇسىيە شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشتە، ئاساسەن، جۇڭگو زېمىنىنى
ئىگىلىۋېلىش ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تاجاۋۇز قىلىشتەك ئىككى خىل ئۇسۇلنى
قوللاندى.
چار
رۇسىيە جۇڭگو زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىشتا، ئاساسلىقى، قورغان سېلىپ ئىلگىرىلەش
ئۇسۇلىنى قوللاندى. ئاۋۋال ئاز بىر قىسىم كازاك قىسمىنى ئىشقا سېلىپ
ئېلىمىز زېمىنىدىكى مۇھىم جايلارنى قانۇنسىز ئىشغال قىلىپ ھەربىي
قورغانلارنى سالدى؛ ئاندىن قورغان ئەتراپىغا قوراللىق ھالدا ئاھالە
كۆچۈرۈپ، تاجاۋۇز قىلىپ ئىگىلىگەن جايلارنى مۇستەھكەملىدى ھەمدە داۋاملىق
تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلاپ، ئاندىن بۇ مۇھىم
جايلارنى تاشيوللار ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ زېمىنىنى پارچىلاشنىڭ
قورغان لىنىيىلىرىنى شەكىللەندۈردى، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن يەنە
قورغان لىنىيىلىرىنى ئالدىغا سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ زېمىنلىرىنى
ئىشغال قىلىۋالدى.
19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغا كەلگەندە، چار رۇسىيە مۇشۇنداق ئىگىلىۋېلىش
ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىدىكى كەڭ
زېمىننى زورلۇق بىلەن ئىشغال قىلىۋالدى.
چار
رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى تاجاۋۇزچىلىقىمۇ ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى.
1851-يىلى چار رۇسىيىنىڭ تەھدىت سېلىشى ۋە ئۆزىگە تارتىشى ئارقىسىدا، چىڭ
سۇلالىسى چار رۇسىيە بىلەن " ئىلى-تارباغاتاي سودا نىزامنامىسى" نى
ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى. چار رۇسىيە بۇ بىر تەڭسىز شەرتنامە ئارقىلىق
جۇڭگونىڭ زېمىنى شىنجاڭدا سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردە بىر قاتار
ئىمتىيازلارنى قولىغا كىرگۈزىۋالدى. “نىزامنامە" دە چار رۇسىيىنىڭ ئىلى،
تارباغاتايلاردا كونسۇل تۇرغۇزىدىغانلىقى ھەمدە كونسوللارنىڭ كېسىم
ھوقۇقىدىن يەنى رۇسىيە كونسۇلىنىڭ جۇڭگو زېمىنى شىنجاڭدا ئۆز دۆلىتىنىڭ
قانۇنى بويىچە ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇھاجىرلىرىدىن ئەدلىيە جەھەتتتىن باشقۇرۇش
ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى. كونسوللارنىڭ كېسىم
ھوقۇقى تۈزۈمى ئېلىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر ھالدا دەخىل - تەرۇز
يەتكۈزدى. “نىزامنامە" دەپ: “سودا ئالاقىسىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشى
مەقسەت قىلىنىدۇ، ئۆز ئارا باج ئېلىنمايدۇ" دەپ بەلگىلەندى. سودا
ئالاقىسىدا باجنى كەچۈرۈپ قىلىشتەك بۇ بەلگىلىمە ئەمەلىيەتتە، چار
روسىيىگىلا پايدىلىق ئىدىم، چۈنكى ئۇ چاغلاردا ئاساسلىقى چار رۇسىيە
سودىگەرلىرى جۇڭگودا ئۆزىنىڭ تاۋارلىرىنى كۆپلەپ ساتاتتى، شۇڭا بۇ
بەلگىلىمە جۇڭگونىڭ تاموژنا بېجى جەھەتتە ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش
ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قالماي، يەنە چارروسىيىنىڭ جۇڭگو زېمىنىنى
شىنجاڭدا تاۋارلارنى كۆپلەپ سېتىشىغا كۆپ قۇلايلىق يارىتىپ بەردى.
“نىزامنامە" دە يەنە چاررۇسىيە سودىگەرلىرىنىڭ ئىلى ۋە تارباغاتايدا سودا
چەمبىرىكى قۇرىدىغانلىقى، يەنى يەر سېتىۋېلىپ ئۆي، تۇرالغۇ جاي سالسا ۋە
تىجارەت سورۇنلىرىنى قۇرسا بولىدىغانلىقى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ
سودا چەمبىرىكى دائىرىسىدە يۈرگۈزۈلۈشى پەيدىنپەي چەتكە قېقىلىدىغانلىقى
بەلگىلەنگەن.
بۇ
"نىزامنامە" جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، ئۇ يېقىنقى
زاماندا شىنجاڭ رايونىغا تېڭىلغان تۇنجى تەڭسىز شەرتنامە، شەرتنامە
چارروسىيىنىڭ تاجاۋۇز نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپلا قالماستىن، يەنە
چارروسىيىنى شىنجاڭ رايونىدىكى جۇڭگو - رۇسىيە سودىسىدا غايەت زور بايلىققا
ئىگە قىلدى.
چىڭ
سۇلالىسىنىڭ چىرىكلىكى ۋە ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن چاررۇسىيە ئۆزىنىڭ
تاجاۋۇزچىلىقىنى ئارقا - ئارقىدىن ئىشقا ئاشۇرغان بولسىمۇ، لېكىن
شىنجاڭدىكى كۆرۈش روھىغا ئىگە ھەر مىللەت خەلقى چارروسىيىنىڭ
تاجاۋۇزچىلىقىغا كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بەردى.
1850-يىلى 4-ئايدا 4000 دىن ئارتۇق قازاق چارۋىچى ئىېلىمىزنىڭ توئۇچۇبېك
رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن چاررۇسىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىنى
قورشىۋېلىپ، قىرغىز چارۋىچىلارنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا بۇ تاجاۋۇزچىلارغا
قاخشاتقۇچ زەربە بەردى. 1855-يىلى چارروسىيىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى قۇربان
ئالماتادىن غەربكە قاراپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، ئېلىمىزنىڭ قىرغىز
چارۋىچىلىرى ئۇلارغا قاخشاتقۇچ زەربە بەرگەچكە، تاجاۋۇزچىلار قوشۇنى ئىلى
دەرياسىغا قاراپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. 1856-يىلى قازاق، قىرغىز
چارۋىچىلار يەنە بىر قېتىم بىرلىشىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، چوڭ ئالمائاتا بىلەن
كىچىك ئالمائاتادىكى كازاكلار كەنتكە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. قازاق، قىرغىز
خەلقىنىڭ چارروسىيىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ
چارروسىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتەك كۈرەش روھىنى نامايان قىلدى.
1855
- يىلى 2 - ئايدا چاررۇسىيە چۆچەكتىكى يالتۇ ئالتۇن كېنىنى ئىگىلىۋېلىش
ئۈچۈن چۆچەكتە تۇرۇشلۇق كونسۇلى تاتارىئوۋ قوراللىق ئەسكەرلەردىن 200 نى
باشلاپ بېرىپ يېرگىتتىكى جۇڭگولۇق كان ئىشچىلىرىنى ھەيدىۋېتىش توغرىسىدا
كۆرسەتمە بەردى، كېيىن يەنە ئارقا-ئارقىدىن كىشىنى چۈچۈتىدىغان پاجىئەلەرنى
پەيدا قىلىپ جۇڭگولۇق 200 نەچچە كان ئىشچىسىنى ئۆلتۈردى. بۇ ۋەقە يۈز
بەرگەندىن كېيىن، چۆچەكتىكى كان ئىشچىلىرى شۈتيەنياۋ، ئەن يۇشىيەن
قاتارلىقلارنىڭ باشلامچىلىقىدا مەخسۇس چۆچەك سودا ئالاقىسىنى باشقۇرىدىغان
ژانكىن سابىتوفقا چارروسىيىنىڭ جىنايىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلغاندا، ژانكىن
سابىتوف ئەرزنى قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن، ۋەكىللەر
يەنە مەسلىھەتچى ئامبال بىڭشيۇغا ئەرز قىلىپ، يەنىلا رەت قىلىشقا ئۇچرىدى.
شۇنىڭ بىلەن چۆچەكتىكى ھەر مىللەت خەلقى قاتتىق غەزەبكە كېلىپ،
ۋەتىنىمىزنىڭ مۇقەددەس ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن چارروسىيىنىڭ سودا
چەمبىرىكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، چارروسىيىنىڭ چەمبىرەك ئىچىدىكى 51 ئېغىز
سارىيى، ئۆي ۋە بېسىپ قويغان ماللىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ كۈلگە
ئايلاندۇرۇۋەتتى. تاتارىئوۋ ۋە چارروسىيىنىڭ مەككار سودىگەرلىرى، ئىگىسىز
قالغان ساپا ئىتلارغا ئوخشاش، باقتۇغا قاراپ پەرىشانە ھالدا قاچتى. بۇ
چارروسىيىنىڭ سودا چەمبىرىكىنى بۇزۇپ تاشلاش ۋەقەسى دەپ ئاتىلىدۇ.
ۋەھالەنكى زاۋالغا يۈز تۇتقان چىڭ سۇلالىسى چارروسىيىنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ
ئۇلارنىڭ ئاتالمىش زىيىنىنى تۆلەپ بەردى. يىڭشيۇ، سابىتۇفلار ۋەزىپىسىدىن
قالدۇرۇلدى، ئەن يۇشىيەن ئۆلتۈرۈلدى، شۈتيەنياۋغا جازا ھۆكۈم قىلىنىپ
لەشكەرلىككە پالاندى. چىڭ سۇلالىسى خەلقنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش غەزەپ ئوتىنى
ئۆچۈرۈپ تاجاۋۇزچىلارغا خۇشامەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدىكى ھەر
مىللەت خەلقنىڭ ئىگىلمەي-پۈكۈلمەي كۈرەش قىلىش روھى ۋە ئالىيجاناب مىللىي
غۇرۇرى ئاسماندىكى قۇياش ۋە ئايغا ئوخشاش تارىخ سەھىپىسىدىن مەڭگۈ ئورۇن
ئالدى. چارروسىيىنىڭ سودا چەمبىرىكىنى بۇزۇپ تاشلاشتەك بۇ بىر كارامەت
ھەرىكەت شۇنىڭ بىلەن تەڭ شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بەرگەن چارروسىيىگە
قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە قوشۇلۇپ چاررۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئۈچۈن قاخشاتقۇچ
زەربە بولدى.
(2)
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خوجىلار قالدۇقلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك
ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى
ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، شىنجاڭ چارروسىيىنىڭ قوراللىق تاجاۋۇز قىلىشىدەك
ئېغىر بۆھرانغا دۇچ كېلىپلا قالماي، يەنە خوجىلار ئەۋلادلىرىدىن تەركىب
تاپقان قايتا تىرىلىش كۈچلىرىنىڭ توپلاڭ قوزغاپ تولا پاراكەندىچىلىك
تۇغدۇرۇشىغىمۇ دۇچ كەلدى. خوجا دېگەن سۆز ئەرەبچە سۆز بولۇپ، مەنىسى
"پەيغەمبەر ئەۋلادى" يەنى ئىسلام دىنىنىڭ ياراتقۇچىسى مۇھەممەت
ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى دېگەنلىك بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە خوجىلارنىڭ كۆپ
قىسمى ئۆزلىرىگە ئىسلام دىنىنىڭ كاتتىۋېشى دەپ تەمەننا قويۇپ، شۇ ئارقىلىق
ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغدىغان. چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە
كەلتۈرگەن دەسلەپكى چاغلاردا چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتقاندىن
كېيىن، خوجىلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى فېئودال پادىشاھلىق
قوقەنتكە قېچىپ بېرىۋالدى ھەمدە قوقەنتتىكى فېئودال خوجىلارنىڭ كۈچىدىن
پايدىلىنىپ ئۈزلۈكسىز تۈردە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ پاراكەندىچىلىك سېلىپ،
شىنجاڭنى ۋەتىنىمىزنىڭ قوينىدىن بۆلۈپ چىقىپ كېتىپ، شىنجاڭدا ئۆزلىرىنىڭ
ئەكسىيەتچىل فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇندى.
1830-يىلى يۈسۈپ خوجىنىڭ توپىلىڭى تىنچىتىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا تىنچلىق
ئون نەچچە يىل داۋام قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن چىڭ
سۇلالىسىنىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىگە، چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ بوشاپ
كېتىشىگە ئەگىشىپ، خوجا كۈچلىرى قوقەنتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا شىنجاڭدا يەنە
يېغىلىق پەيدا قىلدى.
1847-يىلى خوجىلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مەمتىمىن، ۋەلىخان باشچىلىقىدىكى يەتتە
خوجا مىڭدەك باسمىچىنى يىغىپ، قوقەنتلىك سودىگەر نامەتنىڭ ماسلىشىشى
ئارقىسىدا، قەشقەر كونا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن يەنە
يېڭىسارغا ھۇجۇم قىلدى. چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى شەنشى - گەنسۇ باش ۋالىسى
بۇيانتاينى لەشكەر تارتىپ توپىلاڭنى تىنچىتىشقا ئەۋەتتى. خوجىلار قوراللىق
كۈچلىرى قەشقەر كونا شەھەرنى تاشلاپ، نۇرغۇن مال - مۈلۈكنى بۇلاپ قېچىپ
كەتتى، بۇ ۋەقە "يەتتە خوجا يېغىلىقى" دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن، يەنى 1852- يىلى 6- ئايدىن 8 - ئايغىچە تەۋەككۈل بىلەن
ۋەلىخان 4 - قېتىم مالىمانچىلىق تۇغدۇردى. 1855 - يىلى ھۈسەن خوجا ئىشان
خوجا توپىلىڭى يۈز بەردى. 1857-يىلى يۈز بەرگەن "ۋەلىخان توپىلىڭى" نىڭ
كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ بولدى. شۇ يىلى 6-ئايدا ئاستىن ئاتۇشتىكى شېيىخ ئاخۇن
مىرەخمەت بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ توپىلاڭ قوزغاپ، قوقەنتلىك بەش، ئالتە مىڭ
سودىگەرنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا، قەشقەر كونا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ
كىردى ھەمدە قەشقەر يېڭىشەھەرنى سۇ ۋە ئوت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئىشغال
قىلىۋالدى، يەنە لەشكەر ئەۋەتىپ شەرقتە بارچۇققا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى،
يەكەننى مۇھاسىرىگە ئالدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خورىكى ئىنتايىن ئۆسۈپ
كەتتى. 1857-يىلى 9 - ئايدا چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسى ئىلى، ئۈرۈمچى قارا
شەھەر قاتارلىق جايلاردا بەش مىڭدەك ئەسكەر توپلاپ، توپىلاڭنى پۈتۈن كۈچى
بىلەن تىنچىتتى. ۋەلىخان تەڭ كېلەلمەي، 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى مەجبۇرى
ئېلىپ مېڭىپ، 1000 دىن ئارتۇق تۆگە ۋە 40 تىن ئارتۇق ئاتقا بۇلىغان مال -
مۈلۈكلىرىنى بېسىپ قوقەنتكە قېچىپ كەتتى.
خوجىلار ئەۋلادىنىڭ قالدۇقلىرى توپىلاڭ كۆتۈرۈپ شىنجاڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي
شىنجاڭ خەلقىگە ئېغىر بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈردى. 1847 - يىلى " يەتتە خوجا
يېغىلىقى" دا خوجىلارنىڭ قوراللىق كۈچلىرى قەشقەر كونا شەھىرىگە باستۇرۇپ
كىرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ " قىلغان بىرىنچى ئىشى بارلىق خەنزۇ
سودىگەرلەرنى قىرىپ تاشلاش، ئۇلارنىڭ ماللىرىنى بۇلاش، ئۇلارنىڭ خوتۇن -
قىزلىرىنى ئىگىلىۋىلىش بولدى"، توپىلاڭ مەزگىلىدە يالغۇز قەشقەر بىلەن
يېڭىساردىلا خوجىلارنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىسىدا قوقەنتكە كۆچۈپ كەتكەن ھەر
مىللەت خەلقى 37 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، نۇرغۇن ئادەم قوقەنتكە كۆچۈش سەپىرىدە
سوغۇق ۋە ئاچارچىلىق دەستىدىن ئۆلۈپ كەتتى، ئەمما خوجىلار ئۇرۇشتا نۇرغۇن
بايلىققا ئىگە بولۇۋالدى، ۋەلىخان خوجا دىنىي ھۆكۈمرانلىقنى ئالاھىدە
كۈچەيتىپ، چۈمبەل تارتمىغان ئاياللارنىڭ كوچىغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىدى،
بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى چېچىنى كېسىپ، دەررە بىلەن ئۇردى. ئالتە
ياشتىن يۇقىرى بالىلارنىڭ ھەممىسىگە سەللە يۆگىتىپ، ھەر كۈنى مەسچىتتە بەش
ۋاق ناماز ئوقۇتتى، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئېغىر جازاغا تارتتى. شۇ
چاغدا بۇنداق بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن كاللىسىنى ئېلىش
ئىشلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇردى. ۋەلىخان كۆڭلىنى ئاچىدىغان
ئىشلارنىڭ بىرى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ كاللىسىنى ئۆز قولى بىلەن
ئېلىش بولدى“. بۇ مۇستەبىتكە ياقمىغان بىرەر ھەرىكەت، بىرەر ئېغىز سۆز،
بىرەر قېتىملىق ئەسنەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كاللا كېتىشكە سەۋەب
بولاتتى. ”ئېيتىشلارغا قارىغاندا ۋەلىخان خوجا تەرىپىدىن بىگۇناھ
ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ بېشى تۆت يەردە ئىككى گەز تۆتچى ئېگىزلىكتە دۆۋىلىنىپ
كەتكەن.
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى خوجىلار ئەۋلادلىرىنىڭ زوراۋانلىق
ھەرىكەتلىرىگە قارىتا قاتتىق غەزەپلەندى، بىر قانچە قېتىملىق توپىلاڭنى
تىنچىتىش داۋامىدا چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىدىكى ھەر مىللەت
ئوفىتسېر-جەڭچىلەر باتۇرلۇق بىلەن قانلىق جەڭ قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن
دۈشمەننى قىرىپ، ئۆچمەس خىزمەتلەرنى كۆرسەتتى، بۇ جەڭلەردە تىللاردا داستان
بولغۇدەك نۇرغۇن قەھرىمانلار ۋە تەسىرلىك ئىشلار بارلىققا كەلدى. 1855 -
يىلى ھۈسەن خوجا ئىشان خوجا توپىلاڭ كۆتۈرۈشتىن ئىلگىرى ئاستىن ئاتۇشقا
ئالاقىلىشىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىپ، يەرلىك خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشكە
ئۇرۇندى، بۇ چاغدا بۇ يۇرتتىكى ئون بېشى ھېزىم كۆرۈنۈشتە 20-30 ئادەم ۋە
300 دىن ئارتۇق ئادەم يىغىپ بېرىشكە ماقۇل بولدى ھەمدە ھۈسەن خوجا ئىشان
خوجىغا ئۆرۈك، چاي قاتارلىق سوغاتلارنى بەردى، يەنە ئىككى تەرەپ
يىغىلىدىغان ۋاقىت ۋە جاي توغرىلىق بىر گەپكە كېلىشتى. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ
بىر كۈنى ھۈسەن خوجا ئىشان خوجا قاتارلىق 13 باسمىچى قوللىرىغا قورال -
ياراق ئېلىپ قۇرۇلدىن كىرىپ، كەچتە ئاستىن ئاتۇشقا كېلىپ، يۈز بېشى
مەتقۇۋانشا ۋە قاسىملارنىڭ ئۆيىگە چۈشكەندە، بىر مۇنچىلىغان ئۇيغۇر ئامما
بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ "ھال سوراش" قا كەلدى. باسمىچىلار خوشلۇقىدىن خودىنى
يوقىتىپ بىخەستە تۇرغاندا، ھېزىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئامما بۇ بىر توپ
باسمىچىنى تۇتۇۋېلىپ، بىراقلا يوقاتتى.
شۇ
يىلى تەۋەككۈل بىلەن ۋەلىخاننىڭ مالىمانچىلىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قاخشاتقۇچ
زەربىسىگە دۇچ كەلدى. تاشمىلىقنىڭ 5-دەرىجىلىك ھاكىمبېگى ۋە نەسەپلىك
تۆرىسى خالمەت رېھىمشا ئۇيغۇر خەلقىنى باشلاپ بېرىپ قورۇلنى چىڭ ساقلىدى،
خائىنلارنىڭ كۆپ قېتىم بىزگە ئەل بول دەپ قىلغان نەسىھەتلىرىنى غەزەپ بىلەن
رەت قىلدى ھەمدە چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا دۈشمەن ئەھۋالىنى رازۋېدكا قىلىپ
بەردى، مۇداپىئە ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاتلىق ئەترەت تەشكىللەپ جەڭ
قىلىپ، دۈشمەننى قىرىپ، ناھايىتى زور باتۇرلۇق كۆرسەتتى.
ۋەلىخان توپىلىڭىدا، توپىلاڭچىلار يېڭىساردا پاراكەندىچىلىك
تۇغدۇرىۋاتقاندا، يېڭىسارنىڭ يەكەندە تۇرۇۋاتقان ھاكىمبىېگى خۇدا بەردى
دەرھال لەشكەر تارتىپ يېڭىسارغا بېرىپ جەڭ قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇيغۇر
ئامما بىلەن دۈشمەن قوشۇنلىرىغا زەربە بېرىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ئۈچۈن جەڭ
قىلىش روھىنى ئىپادىلىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، ۋەلىخان يەنە نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سىياسىي
مەركىزى يەكەنگە ھۇجۇم قىلدى. يەكەننى مۇداپىئە قىلىش جىڭى ئىنتايىن كەسكىن
بولدى، ھاكىمبەگ ئاقلايدۇ ئىچىدە خەلقنى تەشكىللەپ كۈزەتچىلىك قىلىپ،
ساتقىنلارنى تازىلىدى. يەكەننىڭ مەسلىھەتچى ئامبىلى چىڭ يىڭيى ئومۇملىققا
ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بېشىنى سىلاپ، ئۇلارغا مىللىي
ھەققانىيەتنى بىلدۈرۈپ، يەكەن كونا شەھىرىنى مۇستەھكەم ساقلىدى. توپىلاڭچى
قوشۇن باستۇرۇپ كىرگەندە، ھەر مىللەت ئاممىسى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ،
دۈشمەنگە بىرلىكتە تاقابىل تۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كەشمىر، بەدەخشان،
ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن سودىگەرلەر بىلەن بىرلىشىپ ئاتلىق
ئەسكەرلەر قوشۇنى تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ توپىلاڭچىلارغا بولغان نارازىلىقىدىن
پايدىلىنىپ بىرلىكتە ۋەلىخانغا تاقابىل تۇرۇپ، يەكەننى مۇداپىئە قىلىشنىڭ
ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە ياراتتى.
يۇقىرىقى خوجىلار توپىلىڭىنى تىنچىتىش جەريانىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت
خەلقىنىڭ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا كۈچلۈك ياردەم بەرگەنلىكىگە سەل قاراشقا
بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە جاھانگىر توپىلىڭىنى تىنچىتىش داۋامىدىلا،
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى باشتىن ئاخىر توپىلاڭنى تىنچىتقۇچى چىڭ
سۇلالىسى قوشۇنى تەرەپتە تۇردى. توپىلاڭنى تىنچىتقۇچى قىسىملارنى ئاشلىق
بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جايلاردىكى ئۇيغۇر ئاممىنىڭ
تېخىمۇ كۆپ ماددىي بويۇم ۋە كۈچ چىقارغانلىقىدەك تەسىرلىك ئىشلار ھەممە
جايدا بارلىققا كەلدى. ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق نەچچە 10 مىڭ چىڭ سۇلالىسى
لەشكەرلىرى يەيدىغان ئاشلىق ئاساسەن ئۈرۈمچى ۋە ئىلىدىن توشۇپ كېلىنگەن.
ئۈرۈمچى بىلەن ئاقسۇنىڭ ئارىلىقى 1000 كىلومېتىرغا يېقىن بولۇپ، يول بويىدا
32 پونكىت قۇرۇلغان ئىدى، شۇنداق ئۇزاق جايدىن نەچچە مىليون كىلوگرام
ئاشلىقنى ئۇلاققا ئارتىپ ياكى ئادەم سۆرەپ يۆتكەپ كېلىش ھەقىقەتەن تەس ئىش
ئىدى، مۇشۇ ئىش ئۈچۈن يالغۇز كۇچادىكى ئۇيغۇر ئاممىدىن 1000 دىن ئارتۇق
ئادەم، 200 ھارۋا، 500 ئات، 1500 كالا، 1000 ئېشەك ئاشلىق توشۇشقا
قاتناشتۇرۇلدى. ئىلىدىن ئاقسۇغا ئاشلىق يۆتكەشكە، گەرچە يول ئۈرۈمچىنىڭكىگە
قارىغاندا يېقىنراق بولسىمۇ، لېكىن ئارىلىقتا چوقۇم تەڭرىتاغدىن ئۆتۈشكە
توغرا كېلەتتى، بولۇپمۇ كۆك چاغاردىن تامغاتاشقىچە بولغان 70 نەچچە
كىلومېتىر يول يىل بويى قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ كېتىدىغان بولغاچقا،
ئۇنىڭ ئۈستىگە تاغ ئېگىز، يول خەتەرلىق بولغاچقا، ئات، تۆگىلەرنىڭ مېڭىشى
ناھايىتى تەس ئىدى. شۇڭا ئۇيغۇر ئاممىدىن 2000 ئادەم ھەر قېتىمدا 25
كىلوگرامدىن ئاشلىق يۈدۈپ، قار ۋە مۇزدا مېڭىپ، مۇز داۋاندىن ئۆتۈپ نەچچە
مىليون كىلوگرام ئاشلىقنى تەڭرىتاغدىن يۈدۈپ ئۆتكۈزدى، بۇ مۈشكۈلچىلىكنى
قىياس قىلماق تەس ئەمەس. ئۇيغۇر ئاممىنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ مۇقەددەس زېمىنىنى
قوغدا يولىدا جەبرى جاپادىن قورقماي، كۆپ قېتىم ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى
تارتىپ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ! بىز يۇقىرىدا ئېيتقان
توپىلاڭنى تىنچىتىش ئۇرۇشىدا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئېسىل ئەنئەنىسىنى
جارى قىلدۇرۇپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ توپىلاڭنى تىنچىتىش قوشۇنىغا پائال
ماسلاشتى، جان تىكىپ ئېلىشىدىغان تەسىرلىك ئىشلارنى ساناپ تۈگەتكىلى
بولمايدۇ.
خوجا
ئەۋلادلىرىنىڭ بىر قانچە قېتىم توپىلاڭ قوزغاپ گۇمران بولۇش ئاقىۋىتىگە
قالغانلىقىدىن شۇنى كۆرىمىزكى، گەرچە خوجىلار دىن بايرىقى كۆتۈرۈپ چىقىپ
ئاممىنى ئازدۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدىكى ۋەتەننى قىزغىن
سۆيىدىغان ھەر مىللەت خەلقى ئاخىرى ئۇلارنىڭ سۈيقەستىنى، ۋەتەننىڭ
بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك بەد - بەشرىسىنى ئېنىق تونۇۋېلىپ
ھەمدە ئۇلارغا قارشى ئىگلمەي - پۈكۈلمەي كۈرەش قىلىپ، ئاخىرىدا توپىلاڭنى
تىنچىتىش كۆرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلـتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى
قوغدىدى.
لېكىن چىڭ سۇلالىسى خوجىلار توپىلىڭىنى تىنچىتقاندىن كېيىنكى قالدى
خىزمەتلەرنى ئوبدان ئىشلىمىدى، قالايمىقانچىلىقلارنى ئوڭشاشتا ئۈنۈم ھاسىل
قىلالمىدى، نەتىجىدە بۇ كېيىنكى چاغلاردا قالايمىقانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدىغان يوشۇرۇن ئامىل بولۇپ قالدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى
كېيىنكى كۈنلەردە بۆلگۈنچىلىككە، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە
تېخىمۇ كەسكىن سىناققا دۇچ كەلدى.
3 -
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قوقەنتلىك ياقۇپبەگنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا
قارشى تۇرۇشى
چىڭ
سۇلالىسى 1759 - يىلى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ
تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ئاكتىپ رول
ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى جەھەتلەردە بىر قەدەر زور سەۋەنلىكلەرنى
سادىر قىلدى، بۇ سەۋەنلىكلەر چەت ئەلدىكى تاجاۋۇزچىلار ۋە دۆلەت ئىچىدىكى
بۆلگۈنچى كۈچلەرگە پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بەردى. بۇنىڭ كونكىرىت ئىپادىسى
تۆۋەندىكىچە:
1-سىياسىي تۈزۈم جەھەتتە ھەربىي مەھكىمە تۈزۈمى ئاستىدىكى بەگلىك تۈزۈمىنىڭ
قوللىنىلىشى بىلەن، شىنجاڭدىكى فېئودال يانچىلىق تۈزۈم مەلۇم دەرىجىدە
ساقلاپ قېلىندى. ئۇيغۇرلاردىن بولغان بەگلەر ئامبال يامۇلىنىڭ ھوقۇقىغا
تايىنىپ يەر ۋە سۇلارنى ئىگىلىۋىلىپ، دېھقانلار دەھشەتلىك ئېزىپ ۋە
ئىكسپىلاتاتسىيە قىلىپ، پۇقرالارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، ھەممە ئەسكىلىكلەرنى
قىلىپ، پۇقرالارنى خورلاشنى ئامبال يامۇلىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ، سىنىپىي
زىددىيەتنىڭ كۈنسېرى ئۆتكۈرلىشىشىگە سەۋەب بولدى.
2-چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭدا چېگرىنى ساقلاشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ ئىگىلىكنى
تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمىگەچكە شىنجاڭنىڭ ئىگىلىك تەرەققىياتى
ئاستا بولۇپ قالدى. مەسىلەن، جياچىڭ خان زامانىسىدا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق بىر
ئامبال قوغۇشۇن زاۋۇتى قۇرۇپ شىنجاڭنىڭ باج كىرىمىنى ئاشۇرماقچى بولغاندا،
جياچىڭ خاننىڭ قاتتىق ئەيىپلىشىگە ئۇچرىدى. جياچىڭ خان " شىنجاڭدىكى ۋەزىپە
ئېغىر، ساقلاشنى ئاساس قىلىش كېرەك، ياخشىچاق بولۇش ئويىدا بولۇنمىسۇن"
دېدى. شىنجاڭنىڭ كونا ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ،
تەرەققىياتىغا ئىنتىلمەسلىك نەتىجىسىدە، شىنجاڭدا مۇقەددەس ھالدا داۋالغۇش
پەيدا بولدى.
3 -
چىڭ سۇلالىسى قالايمىقانچىلىقلارنى ئوڭشاشتا سەۋەنلىك ئۆتكۈزدى، شىنجاڭغا
ئەۋەتىلىدىغان مەنسەبدارلارنى تاللاشتا، ئەھۋال جىياچىڭ خان ۋاقتىدىن
تارتىپ يامانلىشىشقا باشلىدى، خۇددى نايەنچىڭ "ئامباللار ساختىلىق ئىشلىتىپ
باج-سېلىقنى ھاكىمبەگلەردىن ئاشۇرۇۋەتتى" دەپ كۆرسەتكەندەك ئەھۋاللار
كۆرۈلدى، ئەمەلدارلار ئەنە شۇنداق دەرىجىدە چىرىكلىشىپ كەتكەنلىكتىن
سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولمىدى.
ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى خوجىلار ئەۋلادلىرىنىڭ توپىلىڭى ۋە
بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسلىككە سېلىپ، شىنجاڭنىڭ
مۇقىملىكى ۋە بىرلىكىگە قارىتا ئىنتايىن پاسسىپ پوزىتسىيەدە بولدى، دۆلەتنى
ئىدارە قىلىش ئىستىراتىگىيەسى جەھەتتە، ھەم كونا ئىللەتلەرگە تەگمەي، ھەم
يېڭىلىق ياراتماي، باشقىچە ئىش تۇتۇپ، نەتىجىدە 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا
شىنجاڭدا مالىمانچىلىق بىر قانچە ئون يىل داۋاملىشىشىغا سەۋەبچى بولدى.
19 -
ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، تەيپىڭ تيەنگو دېھقانلار ئىنقلابى
ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دېھقانلار
قوزغىلىڭى شىددەت بىلەن ئەۋج ئالدى، شەنشى - گەنسۇ ئۆلكىلىرىدىكى خۇيزۇلار
قوزغىلىڭىنىڭ دولقۇنلىرىمۇ شىنجاڭغا يېتىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە
فېئودال يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ دەھشەتلىك ئىكىسپلاتاتسىيىسى شىنجاڭدىكى ھەر
مىللەت خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئاشۇنداق ۋەزىيەتتە
1864-يىلى شىنجاڭدا چوڭ قوزغىلاڭ پارتلىدى.
قوزغىلاڭ بۈيۈك تۇغىنى ئالدى بىلەن كوچا خەلقى كۆتۈردى، 1864-يىلى كۇچادىكى
بىر تۈركۈم دېھقان ئىنتايىن ئېغىر ئالۋان - ياساققا چىدىماي، توختىنىياز
قارى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ باشلامچىلىقىدا كۇچادىكى ئۆگەن دەرياسى قۇرۇلۇشى
ئورنىدا بايراق تىكلەپ قوزغىلىپ، ئالۋان - ياساق ئېلىشنى نازارەت قىلىدىغان
ئىككى مەنسەبدار ۋە 15 بەگنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، قوزغىلاڭچى دېھقانلار شىددەت
بىلەن كوچا شەھىرى ئىچىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ كىرگەندە، شەھەر سىرتىدىكى
ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ ئامما بەس - بەس بىلەن ئۇلارغا ماسلاشتى. 6 - ئاينىڭ
6 - كۈنى قوزغىلاڭچى دېھقانلار كوچا بېگى سالىڭئا قاتارلىق ئەمەلدارلىرى ۋە
ھاكىمبەگ قۇربان باشچىلىقىدىكى چوڭ - كىچىك بەگلەرنى ئۆلتۈرۈپ، كۇچانىڭ
شەھەر - يېزىلىرىنى تىزگىنلەپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدىكى
ھۆكۈمرانلىقىنى تەۋرەتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۈرۈمچىنىڭ نەنسەن رايونىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن خۇيزۇلار
داۋانچىڭنى ئىشغال قىلدى. 7-ئاينىڭ 15-كۈنى خۇيزۇ ئاخۇن تومىڭ (داۋۇت
خەلىپە) ئۈرۈمچىدىكى يېشىل تۇغلۇق قوشۇن مەھكىمىسىنىڭ بارگاھ بېشى،
مەسلىھەتچى ئامبال سۇ خۇەنجاڭ بىلەن بىرلىشىپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ
جەنۇبتا كۇچاغا ياردەم بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ خەنزۇلار
ئولتۇراقلاشقان جايلىرىنى ئىشغال قىلدى، ئارقىدىنلا سانجى، ماناس، مورى،
قۇتۇبى قاتارلىق جايلاردىكى خۇيزۇلار ئارقا - ئارقىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈردى.
چىڭ
سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىق مەركىزى- ئىلىدىمۇ خۇيزۇ، ئۇيغۇر ئامما
قوزغىلاڭ كۆتۈردى، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى " ئامبال ئەزسە، خەلق قارشى
چىقىدۇ" دېگەن بايراقنى كۆتۈرۈپ چىقتى، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى 1866-
3-ئاينىڭ 8-كۈنى كۈرە شەھىرىنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ
تاشلانغان ئىلى سانغۇنى چاڭ چىڭ ئەسىرگە چۈشتى، ئىلىغا قاراشلىق توققۇز
شەھەرنىڭ ھەممىسى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ قولىغا ئۆتتى، شۇنىڭ بىلەن چىڭ
سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقى شىددەتلىك بوران - يامغۇر ئىچىدە
داۋالغۇپ، ھۆكۈمرانلار كۈننى كەچ قىلىشقا كۆزى يەتمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ
قالدى.
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك قوزغىلىڭى، تېگى - تەكتىدىن
ئيتقاندا، سىنىپىي كۈرەش ئۆتكۈرلەشكەننىڭ نەتىجىسى ئىدى. شىنجاڭدىكى ھەر
مىللەت خەلقىنىڭ قارشى تۇرىدىغىنى چېرىك فېئودالىزم ھۆكۈمرانلىق بولۇپ،
ئۇلار ھەم چىرىك چىڭ سۇلالىسىغا قارشى تۇردى، ھەم ھەر مىللەت ئىچىدىكى
ئاچكۆز فېئودال ئاق سۆڭەكلەرگە قارشى تۇردى، شۇڭا قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى
قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غايەت زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن
قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئىچىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان فېئودال دىنىي ئاق
سۆڭەكلەر قوزغىلاڭنى ناھايىتى تېزلىكتە تۇيۇق يولغا باشلاپ، غەلىبە
مېۋىسىنى تامامەن چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالدى. بۇ فېئودال ئاق سۆڭەكلەر يامان
غەرەز بىلەن قوزغىلاڭنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۆتكۈر سىنىپىي زىددىيەتنى
پەيدىنپەي مىللىي زىددىيەتكە ئۆزگەرتىۋەتتى، دىننى سۇيئىستىمال قىلىپ كەڭ
كۆلەمدە مىللىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، قالايمىقانچىلىق پەيدا
قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ھەرىكەتلىرى ھەر مىللەت ھەققانىيەتچى زاتلار
ۋە ئاممىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.
فېئودال ئاق سۆڭەكلەر ھەر قايسى قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى
تامامەن چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالغانلىقتىن، ھەر قايسى فېئودال تەپرىقىچىلىق
ھاكىمىيەتلىرى ئۆز - ئارا زېمىن ۋە ھاكىمىيەت تالىشىپ، شىنجاڭ
قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قېلىپ، ھەر مىللەت خەلقى بالايىئاپەت تارتتى. يەنە
تېخى بەزى كىشىلەر تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئۆيىگە بۆرىنى باشلاپ
كىرىشتىن ئايانماي، چەت ئەللىك دۈشمەنلەرنى شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە
شەرەتلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى قوقەنتلىك ياقۇپبەگنىڭ قانلىق
ھۆكۈمرانلىقى ئىچىگە پاتۇرۇپ قويدى.
قوقەنت - ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېك فېئوداللىرى قۇرغان بىر فېئودال
خاقانلىق بولۇپ، بۇرۇن چىڭ سۇلالىسى بىلەن قارام بولۇش (ئىدارە قىلىنىش)
مۇناسىۋىتىدە ئىدى، 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرا
ئاسىيادىكى بىر كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى. 19-ئەسىردىن بۇيان قوقەنت ئىزچىل
تۈردە ئېلىمىزنىڭ زېمىنى شىنجاڭنى داۋالغۇتۇپ كەلگەن بىر مۇھىم ئامىل
بولۇپ، ياكى بىۋاسىتە ئەسكەر ئەۋەتىپ تاجاۋۇز قىلدى، ياكى خوجىلار
ئەۋلادلىرىنىڭ مالىمانچىلىق پەيدا قىلىشىنى قوللىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1864 -
يىلى شىنجاڭ بويىچە كۆتۈرۈلگەن بۈيۈك قوزغىلاڭ قوقەنتنىڭ شىنجاڭغا يەنە بىر
قېتىم قول تىقىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. شۇ چاغدا قەشقەرنى بۆلۈۋالغان
سىدىق باشقا ھاكىمىيەتلەر بىلەن قارشىلىشىش ئۈچۈن، قوقەنتتىن خوجىلارنىڭ
ئەۋلادىدىن بولغان بۇزرۇكنى تەكلىپ قىلىپ ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرماقچى بولۇپ،
خۇيزۇ فېئودال خوجا جىڭ شياڭنى قوقەنتكە ۋەز ئېيتىشقا ئەۋەتكەندىن كېيىن،
قوقەنت ئۆز ئارمىيىسىنىنڭ قوماندانى ياقۇپبەگنى لەشكەر تارتىپ جەنۇبى
شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ياقۇپبەگ
باسمىچىلىرىنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن ئون يىل داۋاملاشقان يېغىلىق باشلىنىپ
كەتتى.
1865
- يىلى ياقۇپبەگ جەنۇبىي شىنجاڭغا كىرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەپرىقىچىلىك
كۈچلىرى ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت بولۇۋېلىشتەك ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئىلگىرى
- ئاخىرى بولۇپ، قەشقەر، يېڭىسار، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچانى ئىشغال
قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى پۈتۈنلەي چاڭگىلىغا ئېلىپ، ئاندىن يەنە تۇرپانغا
لەشكەر ئەۋەتتى، ئاخىرىدا خۇيزۇ مۇسۇلمانلار خانى تومىڭنى مەغلۇپ قىلىپ
ئۈرۈمچىنى ئىشغال قىلدى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ زېمىنىنىڭ تەڭدىن تولىراقى
ياقۇپبەگنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى، ئۇ ئاخىرىدا ئاتالمىش "يەتتە شەھەر"
قورچاق ھاكىمىيىتىنى قۇردى.
دۆلىتىمىزنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ، ياقۇپبەگ تاجاۋۇزچىلىرىغا
زەربە بېرىش ئۈچۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى دۈشمەنگە بىرلىكتە نەپرەت
ياغدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن دۈشمەننى قىرىپ، تاجاۋۇزچىلارنى ھەر بىر قەدەمدە
ئېغىر تالاپەت تارتقۇزدى.
1865-يىلى ياقۇپبەگ شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دەسلەپكى چاغلاردا،
قەشقەردە قىرغىز خەلقىنىڭ قەيسەرلىك بىلەن توسۇپ زەربە بېرىشىگە ئۇچرىدى،
گەرچە توسۇپ زەربە بېرىش بەختكە قارشى مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن
ياقۇپبەگ تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مۇقەددىمىسى باشلاندى، ئۇنىڭدىن
كېيىن ياقۇپبەگ يەكەندىكى تەپرىقىچىلىك كۈچلىرىنىڭ ھاكىمبىگى نىياز بىلەن
تىل بېرىكتۈرۈپ يەكەنگە ھۇجۇم قىلغاندا، يەرلىك خەلق ئاممىسىنىڭ قارشى
تۇرۇشىغا ئۇچرىدى، كىشىلەر "ئەنجانلىقلارنى قىرىپ تاشلايلى" دېگەنگە ئوخشاش
شوئارلارنى توۋلاپ غەيۇرانە جەڭ قىلدى، ياقۇپبەگ باسمىچى قوشۇنلىرى مەغلۇپ
بولۇپ قەشقەرگە قاچتى. ئەپسۇسكى، يەكەندىكى مۇسۇلمانلار قوشۇنى يەكەن يېڭى
شەھىرىنى قورشاش بىلەن بولۇپ كېتىپ، دېگەن مۇددەتتە ماسلىشالمىغانلىقتىن،
ئىنقىلابىي قوشۇن خانئېرىق (ھازىرقى يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ شەرقى جەنۇبىدا)
تا تاجاۋۇزچىلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى، لېكىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا
كۇچادىكى قوشۇن قايتىدىن ھەربىي كۈچىنى تەرتىپكە سېلىپ تاجاۋۇزچىلارغا
قارشى ھايات-ماماتلىق جېڭى قىلدى، جەڭ ئىنتايىن كەسكىن بولغانلىقتىن،
ياقۇپبەگ جېنىدىن ئايرىلغىلى تاس قالدى، كۇچا تەرەپتىكى قوشۇنلارغا بولغان
قوماندانلىق ياخشى بولمىغاچقا، قېچىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالدى. ياقۇپبەگ
قەشقەر يېڭىشەھەرنى ئىشغال قىلغاندا، گەرچە يېشىل تۇغلۇق قوشۇننىڭ خوجىدارى
خې بۇيۇنگە ئوخشاش تەسلىمىچىلەر چىققان بولسىمۇ، لېكىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ
شەھەرنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان قوشۇنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قانلىق جەڭ
قىلىپ، تاجاۋۇزچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى ئارقىلىق زەربە بەردى. يەنە چىڭ
سۇلالىسى قوشۇنلىرى ئىچىدىكى مەسلىھەتچى ئامبال كۈي يىڭ قاتارلىق ھەر
مىللەت ئەمەلدارلىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈپ ۋەتەنگە بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ،
ئالىيجانابلىق جاسارىتىنى ئىپادىلىدى.
شۇ
يىلى كۈزدە، ياقۇپبەگ رۇسىيە ئارمىيىسى تارمار قىلغان بىر تۈركۈم قالدۇق
ئەسكەرلەردىن 7 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى توپلاپ ۋە ئۇلارغا يەنە بۇرۇنلا
قوقەنتتە ئۆلگەن جەنۇبىي شىنجاڭلىق ئۇيغۇر دىنىي ئاق سۆگەك، يانچى
ئىگىسىنىڭ ئەۋلادى ۋەلىخان خوجا قاتارلىقلارنىڭ قالدۇق ئەسكەرلىرىنى قوشۇپ،
ئۆزىچە تاجاۋۇزچىلىق قىلىشنىڭ دەسمايىسىنى كۆپەيتتىم دەپ قاراپ، ئىسەنكىرەپ
شۇئان تاجاۋۇزچىلىق قىلىش قارا نىيىتىگە كېلىپ، باشقا بىر ئەلنىڭ چېگرا
رايونىدا ئۆزىنىڭ "راھەتلىك ماكانى"نى قۇرۇشقا ئۇرۇندى. ياقۇپبەگ 2 - قېتىم
يەكەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغاندا، يەكەندىكى خۇيزۇلار قوشۇنى
بىلەن قىرغىز خەلقىنىڭ بىرلىشىپ قايتۇرما زەربە بېرىشىگە ئۇچراپ، يەنە بىر
قېتىم يامان ھالغا چۈشۈپ قالدى. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچلىرى ئوبدان
ماسلىشالمىغانلىقى ئۈچۈنلا قەشقەرگە قېچىپ بېرىۋالدى. 1866 -يىلى 6 -
ئايدا، ياقۇپبەگ يەكەنگە 3 - قېتىم ھۇجۇم قىلغاندا، كوچا ۋە يەكەندىكى
خۇيزۇلار قوشۇنىنىڭ بىرلىشىپ قايتۇرما زەربە بېرىشىگە ئۇچرىدى، ئەمما شاۋۇل
يۇقىرى قاتلام ئۇنسۇرلىرى خائىنلىق قىلغانلىقتىن، يەكەن خەلقىنىڭ قارشىلىق
كۆرسىتىش كۈرىشى پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. 1866-يىلى 12 - ئايدا،
ياقۇپبەگ خوتەنگە تاجاۋۇز قىلغاندا، خوتەن خەلقى جان تىكىپ قارشىلىق
كۆرسەتتى، ئاياللارمۇ جەڭگە قاتناشتى، جەڭ بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشتى.
خوتەندىكى 5 مىڭدىن ئارتۇق ئارمىيە ۋە خەلق ياقۇپبەگنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا
قارشى تۇرۇش يولىدا مەردانىلەرچە قۇربان بولدى. 1867 - يىلى، ياقۇپبەگ
كۇچادىمۇ ئوخشاشلا يەرلىك خەلقنىڭ جان تىكىپ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ئۇچراپ،
ئېغىر تالاپەت تارتتى، كۇچاغا باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن، شەھەر ئىچىدىكى
ئاھالە كوچا جېڭى قىلىپ، ياقۇپبەگنىڭ ئوغلى خۇدا قۇلبەگنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
1870
- يىلى تۇرپان شەھىرى يېرىم يىل مۇھاسىرە ئىچىدە قالغاندا، شەھەر ئىچىدىكى
ئارمىيە-خەلق پىداكارلىق بىلەن ئېلىشىپ، ئىگىلمەي - پۈكۈلمەي كۈرەش قىلدى،
ئاخىرىدا، ياقۇپبەگ خائىن ماجۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مارىندېنىڭ كۆرسەتمىسى
ئارقىلىق 33 مىڭ ئادەمنى سېلىپ بېرىش بەدىلىگە تۇرپاننى ئىشغال قىلدى.
ياقۇپبەگ ئۈرۈمچىدىمۇ ئوخشاشلا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قاقشاتقۇچ زەربە
بېرىشىگە ئۇچرىدى، تومىڭ يەرلىك كىشىلەردىن 60 مىڭ، ماناستىن 40 مىڭ ئادەم
تەشكىللەپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇردى، جەڭ بەش جايدا تەڭ ئېلىپ بېرىلىپ
ياقۇپبەگنىڭ تاجاۋۇزچى باسمىچىلىرى ئېغىر زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىدى. ياقۇپبەگ
ئىزاھ-ئەلەمدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، شەھەرنى ئالغاندىن كېيىن ھەر مىللەت
خەلقىنى دەھشەتلىك قىردى، جۇڭگولۇق بولسىلا ئۆلتۈر، بالىلار، ئەسىرلەرنىڭ
بىرىنىمۇ قالدۇرما دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى، بۇنداق قىرغىنچىلىقتىن قورقۇپ
كەتكەن تومىڭنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتتى، ئۇ ھەر مىللەت ئارمىيە،
خەلقنى تاشلاپ، 11 - ئاينىڭ ئاخىرىدا شەھەرنى ئېچىپ تەسلىم بولدى. ياقۇپبەگ
ماجۇڭنى ئۈرۈمچىنىڭ قورچاق ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلىدى. يەنە لەشكەر ئەۋەتىپ
ماناسقا ھۇجۇم قىلغۇزدى. كېيىن شۇ شۆگۈڭ قاتارلىق خەنزۇلار مىنتۇەنى
خۇيزۇلار قوشۇنى، خۇيزۇ ئامما بىلەن بۇرۇنقى ئاداۋەتلەرنى بىر ياققا قايرىپ
قويۇپ بىرلىشىپ ئۈرۈمچىگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، بىر مەھەل غەلىبە قىلدى
ھەم قورچاق كاتتىۋاش ماجۇڭنى تۇتۇۋالدى. بۇ پاكىت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت
خەلقىنىڭ تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزى ئالدىدا ھامان مىللىي ھەققانىيەتنى
بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.
(4)
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چارروسىيىنىڭ ئېلىنى ئىشغال قىلىۋېلىشىغا
قارشى تۇرۇش كۈرىشى
چاررۇسىيە 1864-يىلى "جۇڭگو – روسىيە غەربىي شىمال چېگرىسىنى چارلاپ ئايرىش
كېلىشىمى" ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ 440 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق
زېمىنىنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالدى، شۇ قاتاردا ئىلى رايونىنىڭ غەربىدىكى
بەشتىن تۆت قىسىم جاينى ئىگىلىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئىلى رايونىدا توققۇز
شەھەر ۋە ئەتراپتىكى بىنام ئۆزلەشتۈرۈلگەن جايلارلا قالدى. ئاشۇنداق
تۇرۇقلۇقمۇ، چاررۇسىيە يەنە تويماي پۈتۈن ئىلى رايونىنى يۇتۇۋېلىش كويىغا
چۈشتى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، چاررۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ئوتتۇرا
ئاسىيانى تالىشىش كۈرىشى ئۆتكۈرلىشىشكە باشلىدى. ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ تۈركىيە
ۋە ئافغانىستاندىكى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ
كىرىپ ۋە قورچاق "يەتتە شەھەر"ھاكىمىيىتىنى قۇرغان قوقەنتلىك ھەربىي ئامبال
ياقۇپبەگكە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇ ھاكىمىيەتنى ئاساسەن ئەنگلىيەپەرەس
ھاكىمىيەتكە ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە جەنۇبىي شىنجاڭدا
ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ۋەھالەنكى چاررۇسىيە ياقۇپبەگنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە
شىمالغا قاراپ قاتراپ ئىلىنى يۇتۇۋېلىش ئەلپازىدا بولۇۋاتقانلىقىدىن تېخىمۇ
ئەنسىرىدى، ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى بىلەن قارشىلىشىشتىكى
تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن، چاررۇسىيە ئالدىراپ - تېنەپ ئىلىنى ئىشغال
قىلىشقا ئۇرۇندى.
ئىلىدىكى ھەر مىللەت خەلقى چارروسىيىنىڭ ئىلىغا تاجاۋۇز قىلىشىغا قەيسەرلىك
بىلەن قايتۇرما زەربە بەردى. بۇ ھال ئالدى بىلەن ئىلىدىكى ئىرارخان
ھاكىمىيىتىنىڭ چارروسىيىنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن ئىمزالىغان "جۇڭگو
- روسىيىنىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىنى چارلاپ ئايرىش كېلىشىمى" ۋە
"ئىلى-تارباغاتاي سودا نىزامنامىسى"نى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىشىدا
ئىپادىلەندى. شۇنىڭ بىلەن چاررۇسىيە ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە ۋەقە تېرىپ،
سۈركىلىش پەيدا قىلىپ، ئىلىغا تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپ تەييارلىق قىلدى.
1870-يىلى 6-ئايدا چارروسىيىنىڭ قوراللىق بەش ئادىمى قانۇنسىز ھالدا
ئىلىنىڭ تېكەس رايونىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئىغىۋارگەرچىلىك قىلغاندا، ئۇلارنىڭ
بىرى ئېتىپ تاشلىنىپ، ئۈچى ئەسىرگە ئېلىندى، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيە تەرەپ
دەرھال ئولتىماتوم تاپشۇردى، ئارقىدىنلا چوڭ قوشۇن ئەۋەتىپ ئىلىنىڭ
جەنۇبىدىكى ئىستراتېگىلىك ئۆتەڭنىڭ بىرى - مۇزئارت (ھازىر مۇزات دېيىلىدۇ)
داۋىنىنى ئىشغال قىلىپ، ئىلىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى
باشلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن چاررۇسىيە لەشكەر يۆتكەپ، پائال تۈردە ئۇرۇشقا
تەييارلىق قىلىپ، ئەسكەر سانىنى كۆپلەپ ئاشۇرغاندىن باشقا، يەنە ھەدەپ
ھەربىي جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا باھانە ئىزدەپ
ۋەقە تېرىپ ئىغۋارگەرچىلىك قىلدى. 1871 - يىلى باھاردا، ئەسلىدە جۇڭگوغا
قاراشلىق قازاق ئالبەن قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى تازابېك خالايىقنى قوزغاپ
چاررۇسىيە ئىشغال قىلىۋالغان رايوندا لەشكەر تارتىپ چارروسىيىنىڭ
مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1000
ئائىلىدىن ئارتۇق چارۋىچىنى باشلاپ جۇڭگوغا ئەل بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن
ئالمائاتادىكى قازاق چارۋىچىلارمۇ چارروسىيىنىڭ دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقىدىن
نارازى بولۇپ، ئارقا - ئارقىدىن ئىلىغا قېچىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن چاررۇسىيە
بۇنى باھانە قىلىپ ئېلىمىزنىڭ ئىلى رايونىغا قارىتا قوراللىق تاجاۋۇزچىلىق
قوزغىدى.
چارروسىيىنىڭ ۋەھشىيلىك بىلەن يولسىزلىق قىلىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ غەزىپىنى
قوزغىدى، ھەر مىللەت خەلقى ئاكتىپلىق بىلەن ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ،
تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن چاررۇسىيە قوشۇنلىرىغا زەربە بېرىشكە تەييارلاندى. 5
- ئاينىڭ 15 -كۈنى چاررۇسىيە ئىلىغا زور كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە
باشلىدى، ئالدى بىلەن بىر پىيادە ئەسكەر ليەنى چىقاردى، 90 كازاكتىن
تەشكىللەنگەن بۇ ليەن ئىككى زەمبىرەك بىلەن قورغاس چېگرىسىدىن بۆسۈپ كىردى،
ئىلى ئارمىيە-خەلقى مازار قەلئەسىگە چېكىندى ھەم دەريانىڭ سۈيىنى
ئۈزۈۋېتىپ، تاجاۋۇزچىلار قوشۇنىنى قاتتىق قاغجىرىتىپ تولىمۇ پەرىشان ھالدا
چۈشۈرۈپ قويدى. 19-كۈنى چارروسىيىگە قارشى ئاتلانغان ئارمىيە-خەلق باتۇرلۇق
بىلەن دۈشمەنگە قاراپ ئېتىلىپ، دۈشمەننىڭ توپ ئوقلىرىغا قارىماي، باتۇرلۇق
بىلە ئاتاكىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئاخىرى قورال-ياراقلىرىنىڭ قالاقلىقى
تۈپەيلىدىن يېڭىلىپ قالدى، چاررۇسىيە شۇئان مازار قەلئەسىنى ئىشغال
قىلىۋالدى. جۇڭگو ئارمىيە-خەلقى مال-مۈلۈك ۋە ئوزۇق-تۈلۈكنى يوشۇرۇپ،
دۈشمەننىڭ تەمىناتىنى ئۈزۈپ تاشلاپ چاررۇسىيە قوشۇنلىرىنى چېكىنىشكە مەجبۇر
قىلدى، دۈشمەن چېكىنىش يولىدا جۇڭگو ئارمىيە-خەلقىنىڭ ئۈزلۈكسىز توسۇپ
زەربە بېرىشىگە ئۇچرىدى، شۇنىڭ بىلەن غەربىي لىنىيىدىكى ئۇرۇش بىر مەھەل
توختىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاررۇسىيە قوشۇنلىرى كەتمەن تېغىدىن تاجاۋۇز
قىلىپ كىرىپ، ئۇرۇش ئوتىنى ئىلىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە تۇتاشتۇردى. كەتمەن
تېغىدا جۇڭگو ئارمىيە-خەلقى قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى ھەمدە
ئۇلارنى يان تەرىپتىن قورشىۋالدى، جەڭ بىر كۈن داۋام قىلدى، ئەمما
چاررۇسىيە قوشۇنىنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە توپ ئوتىدا ئېغىر زىيان زەخمەتكە
ئۇچراپ، چىداشلىق بېرەلمەي، ئارقىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. 6 - ئاينىڭ 9
- كۈنى، كەتمەن كەنتى قولدىن كەتتى. 6 - ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگو
ئارمىيە-خەلقى ياردەمگە ئېرىشىپ، ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ چاررۇسىيە قوشۇنلىرىغا
قايتۇرما زەربە بېرىپ، چاررۇسىيە قوشۇنلىرى بىلەن كۆپ قېتىم تىغمۇ-تىغ
قۇچاقلاشما جەڭ قىلدى، چاررۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ دەھشەتلىك ھالدا مەركەزلىك
توپقا تۇتۇشى ئارقىسىدا، جۇڭگو ئارمىيە-خەلقى قۇربان بېرىشتىن قورقماي،
ئالدىنقىلىرى يىقىلسا، كېيىنكىلىرى ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئەسكىرىي كۈچ
يېتەرسىز بولغاچقا، "نۇرغۇن ياشىنىپ قالغان بوۋايلار ۋە بالىلار مۇ
قوللىرىغا ياراق ئېلىپ سەپكە ئاتلىنىپ، جەڭگە كىردى.
چاررۇسىيە قوشۇنلىرى جۇڭگو ئارمىيە - خەلقى جەنۇبىي لىنىيە بىلەن
بولۇۋاتقان چاغدا، يوشۇرۇن ھالدا كۆپلىگەن ياردەمچى قوشۇنىنى شىمالىي
لىنىيىگە يۆتكەپ كەلدى. يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننىڭ قوماندانى
كولپاكوۋىسكىي قوشۇن باشلاپ ئىلىنى ھۇجۇم بىلەن ئالماقچى بولدى. ئىلى
ئارمىيە-خەلقى چىڭسىخوزا، سۈيدۇڭ (ھازىرقى قورغاس ناھىيە بازىرى) قاتارلىق
جايلاردا مۇداپىئەنى كۈچەيتتى ھەمدە ئەلاخاننى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى چاررۇسىيە
قوشۇنىغا رەسمىي جەڭ ئېلان قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى
چاررۇسىيە قوشۇنلىرى قورغاس دەرياسى مۇداپىئە لىنىيىسىدىكى ئىستىھكاملارغا
شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلدى، جۇڭگو ئارمىيە-خەلقى قەلئەنى تايانچ قىلىپ،
ئاتلىق ئەسكەرلەر ئارقىلىق ئىككى ياندىن قورشاپ، باتۇرلۇق بىلەن زەربە
بېرىپ، بىر كۈن كەسكىن جەڭ قىلغان بولسىمۇ، قەلئە قولدىن كەتتى. 7 - ئاينىڭ
1 - كۈنى، چاررۇسىيە قوشۇنى سۈيدۇڭگە باستۇرۇپ كەلگەندە، بۇ شەھەردىكى
خۇيزۇ ئاقسۆڭەك شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىپ بېرىپ تەسلىم بولدى، ئارقىدىن
ئەلاخان ئۆلگىدەك قورقۇپ، 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تەسلىم بولدى، ئىلىدىكى ھەر
مىللەت خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىپ قىلغان جەڭلىرى ئەنە شۇنداق بىكارغا
كەتتى.
ئىلىدىكى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش كۈرىشى گەرچە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن
50 كۈن داۋام قىلغان قارشىلىق كۆرسىتىش جېڭىدە، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت
ئارمىيە-خەلقى ئېسىل قوراللار بىلەن قوراللانغان تاجاۋۇزچىلار ئالدىدا،
بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، ئالدىنقىلىرى يىقىلسا،
كېيىنكىلىرى ئالغا ئىلگىرىلەپ، تاجاۋۇزچىلارنى ھەر بىر قەدەمدە ئېغىر
تالاپەت تارتقۇزدى. ئىلىدىكى ھەر مىللەتتىن بولغان ئارمىيە-خەلق ئىسسىق
قېنى ۋە ئەزىز جېنى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زاماندا تاجاۋۇزچىلىققا
قارشى تۇرغانلىقى توغرىسىدا كۆپلىگەن كاتتا داستانلارنى يازدى.
چاررۇسىيە قوشۇنى ئىلىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ
ئۈرۈمچىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا ئۇرۇندى ھەمدە كۆپ قېتىم ماناس قاتارلىق
جايلارغا تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەندە، شۇشۆگۇڭ باشچىلىقىدىكى خەنزۇلار مىنتۇەنى
ۋە خۇيزۇلار قوشۇنىنىڭ بىرلىشىپ زەربە بېرىشىگە ئۇچراپ، ئېغىر چىقىم
تارتقاچقا، پىلانىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. بىراق ئىلىدىكى توققۇز
شەھەرنىڭ 7- مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنى چاررۇسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ
ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتۈپ كەتتى.
(5)
چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا شىنجاڭنى
قايتۇرۇۋېلىشى
1.
تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۈشمەنلەرنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە قارىتا يۈرگۈزگەن
پاجىئەلىك ھۆكۈمرانلىقى
مەيلى ياقۇپبەگ باسمىچىلىرى بولسۇن، ياكى چاررۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرى بولسۇن،
ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىنتايىن
دەھشەتلىك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ خەلقنى قۇل قىلدى.
ياقۇپبەگ باسمىچىلىرى شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتا ئارمىيە بىلەن
فېئوداللىق دىننى تۈۋرۈك قىلدى. ياقۇپبەگ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىشغالىيەت
رايونىدا "سۇيۇرغاللىق" دەيدىغان بىر ھەربىي فېئوداللىق تۈزۈمنى يولغا
قويۇپ، ئىشغال قىلىۋالغان يەرلەرنى ئارمىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا بەردى،
سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى ئاستىدا ھەر مىللەت خەلقى قۇل بولۇپ، ھايۋان كەبى
ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىدى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسىم
ئەمگەك مېۋىسى تارتىۋېلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مۈشكۈل ھەقسىز
ئەمگەككە سېلىندى، ئەسلىدە مانجۇ بيۇروكراتلىرىغا تەۋە يەرلەرنى ۋە خەنزۇ
كۆچمەنلەر ئاچقان يەرلەرنى شەخسىي مۈلۈك قاتارىدا تەكرار سېتىپ قاقتى-سوقتى
قىلدى. شۇڭا يەرلىك خەلق غەزەپ بىلەن ياقۇپبەگنى "يەتتە قات زېمىننىڭ
ھەممىسىنى سېتىپ تۈگەتتى" دەپ ئەيىبلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ياقۇپبەگ
ئۆزىنى "بەدۆلەت غازى" ("بەخت-سائادەت شاھى" دېگەن بولىدۇ) دەپ ئاتىۋېلىپ،
دىننى سۇيئىستىمال قىلىپ خەلقنى بىخۇدلاشتۇرۇش ئارقىلىق قارشىلىق
كۆرسەتمەيدىغان قىلىپ، قاتتىق ئىسلام دىنى تەرىقەتلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت
خەلقىنى چەكلىدى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ كۆپ پۇل ۋە ئەمەلىي مەنپەئەت ئارقىلىق
ئىسلام دىنىي يۇقىرى قاتلام ئۇنسۇرلىرىنى سېتىۋېلىپ ئۆزى ئۈچۈن كەتمەن
چاپىدىغان قىلىۋالدى. ياقۇپبەگنىڭ ئەكسىيەتچىل ھەرىكەتلىرى ئارقىسىدا
پۈتكۈل جەنۇبىي شىنجاڭ پانى دۇنيادىكى دوزاققا ئايلاندى.
چاررۇسىيە ئىلىنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن بىۋاسىتە ھەربىي ئىشغالىيەت
يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، چاررۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى
كۆلپاككىۋىسكىي مەسئۇللۇقىدىكى ئىلى ئىشلىرى پەۋقۇلئاددە ئىشخانىسى تەسىس
قىلىپ شۇ جاينىڭ ھەربىي، سىياسىي، ئامانلىق، ئىقتىسادىي ئىشلىرىغا مەسئۇل
قىلدى، ھەر مىللەت خەلقىنى پارچىلاپ، ئوخشاش بولمىغان مىللەتنى ئوخشاش
بولمىغان ئۇسۇلدا باشقۇرۇش شەكلىنى قوللىنىپ، خەلقنىڭ چارروسىيىنىڭ
تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى پارچىلاش ئۈچۈن، پۈتۈن ئىلى رايونىنى
تۆت ناھىيىگە ئايرىپ، تاجاۋۇزچىلار قوشۇنىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى ھاكىملىققا
تەيىنلىدى. چاررۇسىيە قوشۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي ھۆكۈمرانلىقىنى
مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كۆپ قېتىم قورال-ياراغ يىغىپ، ئاتالمىش ھەر مىللەت
"خائىن"لىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئىلىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى
بىلەن بولىغان ئالاقىسىنى تامامەن ئۈزۈپ تاشلىدى، ئىقتىسادىي جەھەتتە
"ئۇرۇش ئېھتىياجىنى ئۇرۇش ئارقىلىق قامداش" سىياسىتىنى يولغا قويۇپ،
ئىلىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پۇل، مال-مۈلكىنى ئەڭ زور چەكتە سىقىپ ئالدى،
تۈرلۈك ئالۋان-ياسق ئىنتايىن كۆپىيىپ كەتتى، ھەر يىلى ئىلى خەلقىدىن
تارتىۋېلىنغان كۆمۈش مىليون سەردىن ئېشىپ كەتتى.
چاررۇسىيە ئىلىنى چارروسىيىنىڭ زېمىنىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن يەنە
مۇستەملىكىچىلىكنى كۈچەيتىش سىياسىتىنى قوللاندى.
بىرىنچىدىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆزلەشتۈرگەن بىنەم يەرلىرى، تېرىلغۇ
يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىش شەكلى بىلەن زورمۇ زور ئىگىلىۋالدى، جۇڭگونىڭ
زېمىن ھوقۇقىنى تارتىۋالدى، ئىشغالىيەت رايونىدىكى مانجۇ، خەنزۇ، شىبە،
سولۇن، چاخار مىللەتلىرىدىن بولغان خەلقنى تىرىكچىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم
قىلدى، يەرلىرىنى تارتىۋالدى، چارروسىيىنىڭ بۇلاڭچىلىق ھەرىكەتلىرى
ئىلىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىرلىكتە: "كۆككۆز، قارا نىيەتلەر" دەپ
نەپرەت ياغدۇرۇشىغا ئۇچرىدى، بۇ سۆز چاغدا يەرلىك خەلقنىڭ ئاغزىدا كەڭ
تارقىلىپ يۈردى.
ئىككىنچىدىن، ئىشغالىيەت رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى رۇسىيە تەۋەلىكىگە
ئۆتۈشكە مەجبۇرلاپ، ئالدى بىلەن ھەر مىللەت خەلقىنى "ئەل بولۇش"قا دەۋەت
قىلدى، ئاندىن "تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلىدى"، بوي ئەگمىگەنلەرنى خالىغانچە
ئۇردى، قاتتىق ھاقارەتلىدى.
ئۈچىنچىدىن، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلىنىڭ يەرلىك ئىشلىرىنى
باشقۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلدى، ئىلىنى باشقۇرۇش ئىگىلىك ھوقۇقىنى
تارتىۋېلىشقا ئۇرۇندى، ئىلىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ،
چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدار-ئەسكەرلىرىنىڭ ئىلىدىكى قىيىنچىلىقتا قالغان
پۇقرالارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا، ئىشغالىيەت رايونىدىكى خەلقنىڭ
ئۆزئارا ئالاقە قىلىشىغا يول قويمىدى.
تۆتىنچىدىن، ئىشغالىيەت رايونىدا رۇسىيە قانۇنلىرىنى تەتبىقلاپ، چىڭ
سۇلالىسىنىڭ ئىلى رايونىدىكى ئەدلىيە ھوقۇقىنى بىكار قىلىۋەتتى.
بەشىنچىدىن، چاررۇسىيە سودىگەرلىرى، پۇقرالىرىنى ئىلىغا كۆچۈپ كېلىپ،
بازارنى ئىگىلىۋېلىشقا، ئىگىلىكنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىشقا
رىغبەتلەندۈردى، بۇنىڭ بىلەن روسىيىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر ئۆزىنى كۆز-كۆز
قىلىپ، كۆرەڭلەپ زورلۇق-زومبۇلۇق قىلدى.
ھەر
مىللەت خەلقى تاجاۋۇزچىلارنىڭ زوراۋانلىقى ئالدىدا ھەرگىز تىز پۈكمەي، بىر
تەرەپتىن ئۇلارغا قارشى ئىگىلمەي-سۇنماي كۈرەش قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن،
چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىشىنى تۆت كۆزى
بىلەن كۈتتى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى "كوچىلاردا توپلىشىپ
‹خەنزۇلار كەلگۈدەك› دېگەنگە ئوخشاش خەۋەرلەرنى بىر-بىرىگە يەتكۈزۈشتى، بۇ
خەۋەرلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ
ئارزۇلىرى بويىچە ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان نۇرغۇن ھېكايىلەرنى توقۇشتى،
بىر ئادەم قوش ھەيدەپ، ئۇرۇق چېچىپ تۇرغاندا، يەنە بىر ئادەم كېلىپ ئەي
بۇرادەر، بۇ يەرگە نېمە تېرىدىڭىز؟ دەپ سورىسا، نېمە تېرىماقچى ئىدىم،
خەنزۇ تېرىدىم، دەپ جاۋاب بەردى. كىشىلەر كۈزدە كۆپلىگەن خەنزۇلارنىڭ يېتىپ
كېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، كېچە-كۈندۈز خەنزۇلارنى تىلەپ دۇئا-تىلاۋەت
قىلاتتى". ئىلى خەلقى بىردىل بىر نىيەتتە، چارروسىيىگە ئەل بولماسلىققا
قەسەم قىلىپ، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي چارروسىيىنىڭ
مۇھاسىرىسىنى يېرىپ تاشلاپ، چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدار-ئەسكەرلىرى بىلەن كۆپ
قېتىم ئالاقىلەشتى.
يۇقىرىقى پاكىتلار شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، بىر ئوچۇم مىللىي
مۇناپىقلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شىنجاڭدىكى دۈشمەننى قوغلاپ چىقىرىش،
بىرلىككە ئىنتىلىش ئارزۇسىدىن تەۋرەنمەي، قول تۇتۇشۇپ مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ
كۈرەش قىلغان ھەر مىللەت خەلقى ياقۇپبەگنىمۇ، چاررۇسىيە قوشۇنلىرىنىمۇ
ۋەتىنىمىز زېمىنىدىن قوغلاپ چىقاردى.
2.
چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ياقۇپبەگنى قوغلاپ چىقىرىشى
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقارماقچى
بولۇۋاتقاندا، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمران گۇرۇھى ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرمۇ
تېزلىكتە شىنجاڭغا لەشكەر ئەۋەتىپ قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىشنى
تەشەببۇس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسى زوزۇڭتاڭنى خان مۇپەتتىشى سۈپىتى
بىلەن ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتىپ، جىڭ شۇننى شىنجاڭنىڭ ھەربىي
مۇشاۋۇرى قىلىپ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالدى.
زوزۇڭتاڭنىڭ باشلامچىلىقىدا، غەربكە يۈرۈش قىلغان چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى،
ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يولغا چىقتى، 1876-يىلى 6- ئايغا كەلگەندە، شىنجاڭغا
كىرگەن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى 70-80 باتالىيون (يىڭ) غا، ئادەم سانى ئەسلىدە
شىنجاڭدا بار قىسىملار بىلەن قوشۇلۇپ 60 مىڭچىغا يەتتى. زوزۇڭتاڭ سۇچۇ
(ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسى جيۇچۇەن شەھىرى) گە كېلىپ قوماندانلىق قىلدى،
ئىستراتېگىيە جەھەتتە "ئاۋۋال جەنۇبنى ئاندىن شىمالنى ئېلىش"، تاكتىكا
جەھەتتە"ئاۋۋال شىمالدا، ئاندىن جەنۇبتا"ھەرىكەت قىلىشتەك ھەربىي ھەرىكەت
لايىھىسىنى، يەنى ئاۋۋال جەنۇبتا ياقۇپبەگكە جازا يۈرگۈزۈپ، ئاندىن كۈچنى
مەركەزلەشتۈرۈپ ئىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھىسىنى تۈزدى. بۇ لايىھە
چاررۇسىيە كۈچلۈك، ياقۇپبەگ ئاجىز بولۇشتەك ئەھۋالغا قارىتا، نىشانلىق ئوق
ئېتىش ئاساسىدا، مەسىلىنى پەيدىنپەي ھەل قىلىشتىكى ئاقىلانە لايىھە بولدى،
"ئاۋۋال شىمالدا، ئاندىن جەنۇبتا" ھەرىكەت قىلىپ، ياقۇپبەگنىڭ شىمالدىكى
ئىستېھكامى گۇمۇتى، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق جەڭ قىلىپ،
ياقۇپبەگنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇش، ئاندىن داۋانچىڭنى ئېلىپ، جەنۇبىي
شىنجاڭنى بىراقلا قولغا ئېلىش پىلانلاندى.
ياقۇپبەگ چىڭ سۇلالىسى چوڭ قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمى ئالدىدا، بىر تەرەپتىن،
گۇمۇدى، داۋانچىڭ، شىڭجىڭ ئېغىزى ۋە تۇرپان، توقسۇنلاردا ئۈچ مۇداپىئە
لىنىيىسى تۈزۈپ، كۆپ لەشكەر يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ چىڭ سۇلالىسى
قوشۇنلىرىنىڭ غەربكە قاراپ يۈرۈش قىلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇندى، يەنە بىر
تەرەپتىن، ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيىگە كۆپ قاتراپ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ كۈچىدىن
پايدىلىنىپ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى توسماقچى بولدى. ئەنگلىيە ئوتتۇرىغا
چۈشۈپ ئاتالمىش "مۇرەسسە قىلىش" ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن
چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى رەت قىلدى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق
ئەلچىسى گوسۇڭتاۋ قەتئىي بايانات ئېلان قىلىپ قەشقەرنىڭ ئەزەلدىنلا جۇڭگوغا
قارام جاي ئىكەنلىكىنى، جۇڭگونىڭ قەشقەرنى قايتۇرۇۋېلىشى يوللۇق
ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. چاررۇسىيە قۇرۇق ئەمچەك سېلىپ ياقۇپبەگكە يەل
بەردى.
1876-يىلى 8-ئايدا، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تۇنجى جەڭدە گومۇتىنى ئالدى.
ياقۇپبەگ باسمىچى قوشۇنلىرى نۇرغۇن ئەسكەر بىلەن خۇاڭتيەندىكى سۇ مەنبىئىنى
قاتتىق ساقلىدى، چىڭ سۇلالىسى ئالدىن يۈرەر قىسىملارنىڭ قوماندانى
ليۇجىنتاڭ كېچىدە ھۇجۇم قىلىپ، 2-كۈنى خۇاڭتيەننى ئېلىپ، كەسكىن جەڭ قىلىش
ئارقىلىق گومۇتىنى ھۇجۇم بىلەن ئالغاندىن كېيىن، يەنە ئۈرۈمچىنى
قايتۇرۇۋالدى، 11-ئايغا كەلگەندە ياقۇپبەگنىڭ شىمالدىكى كۈچلىرى تامامەن
تازىلاپ تۈگىتىلدى. چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى شۇنىڭغا ئۇلاپلا جەنۇبىي
شىنجاڭنىڭ دەرۋازىسى-تۇرپانغا قاراپ يۈرۈش قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ياقۇپبەگ
ھاكىمىيىتى ساراسىمىگە چۈشتى. چەتتىن كەلگەن بەزى باسمىچىلار پۇللارنى
ئېلىپ قاچتى، تەھدىتكە ئۇچراپ دۈشمەنگە ئەگەشكەن بىر قىسىم يۇقىرى قاتلام
كىشىلەر ئارقا-ئارقىدىن ھەقىقەتكە قايتىپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا ئەل
بولدى؛ ياقۇپبەگنىڭ خەزىنە بېگى نۇرغۇن ئالتۇن-كۆمۈشنى ئېلىپ، 40 نەچچە
ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا تەسلىم بولدى؛
ياقۇپبەگنىڭ توقسۇن، داۋانچىڭدىكى ھەربىي تەمىناتى ۋە ئوزۇق-تۈلۈك،
ئوت-سامانلىرىنى ھەقىقەتكە قايتقان كىشىلەر بىلەن يەرلىك ئامما كۆيدۈرۈپ
تاشلاپ ياقۇپبەگنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. 1877-يىلى 4-ئايدا چىڭ سۇلالىسى
قوشۇنلىرى جەنۇبقا ھۇجۇم قىلغاندا، شەھەر ئىچىدىكى ئۇيغۇر خەلقى ئۆلۈمگە
قارىماي چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ بارگاھلىرىغا بېرىۋالدى ھەمدە
باسمىچىلار قوشۇنىنىڭ شەھەرنى تاشلاپ جەنۇبقا قاچماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى
خەۋەر قىلدى، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى شەھەرنى قاتتىق مۇھاسىرە قىلىپ
ھۇجۇمنى جىددىيلەشتۈرۈپ، 20 كۈندە داۋانچىڭنى قايتۇرۇۋالدى، ئاندىن توقسۇن،
شىڭجىڭ ئېغىزى ۋە تۇرپانلارنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، 10
مىڭدىن ئارتۇق يوقىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى. كورلىدا
تۇرۇۋاتقان باسمىچىلار باشلىقى ياقۇپبەگ ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ، قول
ئاستىدىكىلەر بىلەن ئۇرۇش-جېدەل قىلغاندا، ئېغىر يارىلىنىپ ئۆلدى.
8 -
ئاينىڭ 25 - كۈنى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى سەككىز
شەھەرگە ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ، 10-ئاينىڭ 7-كۈنى قارا شەھەر (ھازىرقى
يەنجى) نى قايتۇرۇۋالدى، يەنە يەرلىك موڭغۇل، ئۇيغۇر ئاممىنىڭ ياردىمى
ئارقىسىدا، دۈشمەن قوشۇنى قېزىپ سەل قويۇۋەتكەن قايدۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ
كورلىنى قايتۇرۇۋېلىپ، كۇچانى ھۇجۇم بىلەن ئالدى. باي بىلەن ئاقسۇدىكى
خۇيزۇ، ئۇيغۇر خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، يۈز نەچچە مىڭ ئادەم شەھەرنى
ئىشغال قىلىپ، قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان باسمىچى قوشۇننى زەربە بىلەن
چېكىندۈرۈپ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتتى، ئۇچتۇرپان ۋە
ئاقچىدىكى قىرغىز خەلقى غەربكە قاراپ قاچقان باسمىچىلارغا ھۇجۇم قىلدى.
10-ئاينىڭ ئاخىرلىرى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى باي، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپانغا كىرىپ
ئورۇنلىشىپ، شەرقتىكى تۆت شەھەرنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇۋالدى. غەربىي تۆت
شەھەردىكى دۈشمەنلەر خۇددى چۆچۈپ كەتكەن قوشقا ئوخشاش تەرەپ-تەرەپكە قاچتى،
خوتەندە نىياز (نىياز ھېكىمبەگ) چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا تەسلىم بولدى،
قەشقەر يېڭىشەھەردە خې بۇيۈن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى
قارشى ئالدى، يەكەننى ساقلاۋاتقان دۈشمەنلەرنىڭ باشلىقى يۇنۇس تۈركىيىگە
قېچىپ كەتتى. 12-ئايدا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى قەشقەر، يەكەن، يېڭىسارنى
ھۇجۇم بىلەن ئالدى. 1878-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، غەربتىكى تۆت شەھەر تامامەن
قايتۇرۇۋېلىنىپ، ياقۇپبەگ تاجاۋۇزچى كۈچلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تازىلاپ
تۈگىتىلدى.
شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى
چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا ماسلىشىپ، ياقۇپبەگ قالدۇقلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك
توپىلاڭلىرىنى تىنچىتتى. مەسىلەن، خوتەندىكى بىر ھۈنەرۋەن نىيازنىڭ
ھەقىقەتكە قايتىپ خانلىق ئورنىغا چىقالمىغاچقا، ھۈنەرۋەنلەرنى يىغىپ
خۇپىيانە ھالدا قورال-ياراق سوقتۇرۇپ توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى
چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا خەۋەر قىلدى، كېيىن نىياز قولغا ئېلىندى.
1878-يىلى قىشتا ۋە 1881-يىلى 5-ئايدا، يەرلىك خەلقنىڭ پاش قىلىشى بىلەن،
چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى يەنە شايار مەھكىمىسىنىڭ ھاكىمبېگى ئابدۇللا ۋە
يېڭىسار ماڭشىن يېزىسىدىكى يۈز بېشى ئابلانىڭ ئىككى قېتىم ئەجنەبىي
مىلتىقلارنى ساقلاپ "ئادەم توپلاپ توپىلاڭ كۆتۈرۈش" تەك توپىلاڭچىلىق
سۈيقەستىنى تارمار قىلىپ، ئاپەتنىڭ يىلتىزىنى تۈگەتتى، تاجاۋۇزچىلىققا
قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مېۋىسىنى مۇستەھكەملىدى.
ئومۇمەن ئالغاندا، شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى،
غەربنى بويسۇندۇرغۇچى ئەمىرلەشكەر زوزۇڭتاڭمۇ نۇسرەت پۇرسىتىنىڭ شۇنچە پات
يېتىپ كېلىدىغانلىقى"نى تەسەۋۋۇر قىلمىغانىدى. بۇنداق بولۇشتىكى ئەڭ تۈپكى
سەۋەب شۇكى، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى قولدىن
كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىش يولىدىكى ھەققانىيەتلىك ئۇرۇش بولغاچقا،
بۈيۈك قوشۇن قەيەرگىلا بارسۇن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پۈتۈن كۈچ
بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى، زوزۇڭتاڭمۇ مۇنداق دېدى:"نۇسرەت پۇرسىتىنىڭ شۇنچە
پات يېتىپ كېلىشى" شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياردىمىدىن، بولۇپمۇ
جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ باندىتلارنى يوقىتىشىغا
ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان قوراللىق كۈرىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. پۈتكۈل ئۇرۇش
مەزگىلىدە، ھەر مىللەت خەلقى "ياكى يول باشلاپ بەردى، ياكى قوشۇنلارغا
قوشۇلۇپ جەڭگە قاتناشتى"؛ جايلار قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، بېجىرىشكە
تېگىشلىك ئىشلار بىردەك ۋاقتىنچە "شۇ جايدىكى ئەمەلدارلارنىڭ بېجىرىشىگە
تاپشۇرۇلدى، ئىشلارنىڭ ھەممىسى جايىدا بېجىرىلدى"() "تارىخىي ھەمىدى"دە
"ئۇلۇغ خاننىڭ زەپەر ئەسەرلىك چىرىكلىرى تۇرپاندىن چىقىپ كاشىغەرگىچە
بولغان جايلارنى قولغا كىرگۈزگىچە، بىرەر ئادەم ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇپ ئوق
چىقارمىدى، بەلكى ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ مۆتىۋەرلىك ئەئيانلىرى ئۇلارنىڭ
ئالدىغا چىقىپ، قولىدىن كېلىدىغانلا خىزمەتكارچىلىقىنى كۆرسەتتى" دېيىلگەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭدا تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئۇزاقتىن
بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن خەنزۇلار مىنتۇەنى، موڭغۇل ئەسكەرلەر
قاتارلىقلارمۇ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش داۋامىدا مۇھىم رول ئوينىدى. تارىخ
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قۇل قىلىشىدىن
قۇتۇلۇش ئۈچۈن خەنزۇ خەلقى بىلەن بىردەك ئىتتىپاقلاشمىسا بولمايدىغانلىقىنى
ئىسپاتلىدى. شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش داۋامىدا، زوزۇڭتاڭ ئوخشاش بولمىغان
پىكىرلەرنى رەت قىلىپ، شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، كۆڭۈل
قويۇپ پىلانلاپ ئىش تۇتتى، ئالدىنقى سەپ باش قوماندانى ليۇجىنتاڭ ھەر
مىللەت سانغۇن ۋە لەشكەرلىرىنى باشلاپ سەپكە ئاتلىنىپ ياقۇپبەگ
باسمىچىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى، ئۇلار شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش ۋە
ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش كۈرىشىدە خىزمەت كۆرسەتتى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ
شىنجاڭغا كىرىپ غەربكە يۈرۈش قىلغان قوشۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق كۈچى بولغان
خۇنەن قىسمى، خەبىي قىسمى ۋە مانجۇلاردىن تەركىپ تاپقان سەككىز قوشۇن،
خۇيزۇلار قوشۇنى قاتارلىق قوشۇنلاردىكى سانغۇن ۋە لەشكەرلەر شۇنىڭدەك
جىلىن، خىيلۇڭجياڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى قاتارلىق ئىچكى جايلاردىن كەلگەن
خەنزۇلار تۈمەن چاقىرىملاپ يوللارنى بېسىپ، شىنجاڭغا كېلىپ،
دەشت-باياۋانلاردا جەبر-جاپا چېكىپ ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە
ھايات-ماماتلىق جەڭلىرىنى قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە
ياراتتى.
3.
"ئىلى شەرتنامىسى"نىڭ ئىمزالىنىشى ۋە ئىلىنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشى
1870-يىلى شىنجاڭنىڭ ئىلىدىن باشقا جايلىرى تامامەن قايتۇرۇۋېلىندى. بۇ
چاغدا چارروسىيىنىڭ ياۋروپا، يىراق شەرققە قاراتقان ئىستراتېگىيىسىدىمۇ زور
ئۆزگىرىش بولدى، جۇڭگو-چارروسىيە پېتېربۇرگدا ئىككى قېتىم ئىلى مەسىلىسى
توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ باش ۋەكىلى چۇڭ خۇ ئىقتىدارسىز
بولغاچقا، رۇسىيە ئۇستىلىق بىلەن قۇرغان تۇزاققا دەسسەپ ئالدىنىپ، ئېلىمىز
چېگرا رايونىدىكى ئارمىيە-خەلقنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ياقۇپبەگ
باسمىچىلىرىنى يوقىتىپ غەلىبە قازانغانلىقىدەك مۇشۇنداق بىر پاكىتتىن
پايدىلىنىپ سۆھبەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرمەكتە يوق، ئەكسىچە
ئوردىنىڭ يارلىقىنى كۈتمەيلا، 1879-يىلى 10-ئايدا ئۆز ئالدىغا "ئىلىنى
تاپشۇرۇپ بېرىش شەرتنامىسى" (بۇ شەرتنامە يەنە "رىژاگىيە شەرتنامىسى" دەپمۇ
ئاتىلىدۇ) ئىمزالىدى.
بۇ
شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن رۇسىيە فېئودال ئاق سۆڭەكلىرىنىڭ جۇڭگوغا
تاجاۋۇز قىلىش ئارزۇسى قانائەت تاپتى، جۇڭگونىڭ شىمالى تامامەن رۇسىيىگە
ئېچىۋېتىلدى، ئۇلارنىڭ ئىچكىرىلەپ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى خەنكۇغا
كىرىشىگە، ھەتتا "ئەجنەبىي دورا" (ئەپيون) توشۇپ كېلىپ جۇڭگو خەلقىنى
زەھەرلىشىگە يول قويۇلدى. كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنغان كونسۇلخانىلار پۈتكۈل
غەربىي شىمالنى دېگۈدەك قاپلىدى. رۇسىيە بىرەرمۇ ئەسكەر چىقىم تارتماي ئىگە
بولۇۋالغان ھوقۇق-مەنپەئەت ئۇرۇشتا يېڭىلگەن دۆلەتلەرگە تېڭىلغان
شەرتلەردىنمۇ ئېشىپ كەتتى. چۇڭ خۇنىڭ شەرتنامىسىنى ئىمزالىغانلىقى
توغرىسىدىكى خەۋەر يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى چۆچۈپ،
بىرلىكتە چۇڭ خۇنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ ۋەتەنگە
ساتقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئەيىپلاپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، "خالايىقنىڭ غەزىپىنى
بېسىپ، كېيىنكىلەرگە ئىبرەت قىلىش" نى تەلەپ قىلدى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقى
چارروسىيىنىڭ جىنايىتىنى ئەيىبلىدى. جۇڭگو خەلقنىڭ رۇسىيىگە قارشى تۇرۇش
غەزىپى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ۋە مەنسەپدارلىرىغا غايەت زور تەسىر
كۆرسەتتى، زۇڭلى (باش ۋەزىر) يامۇلدىكىلەرمۇ ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى ئارقىسىدا،
چۇڭ خۇ ئىمزالىغان شەرتنامىدە جىق زىيان تارتىپتۇق دەپ قاراشتى، چىڭ
سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسى ئىجتىمائىي جامائەت پىكرىنىڭ ئەۋج
ئېلىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگەردى، شۇنىڭ بىلەن ليۇ جىنتاڭغا شىنجاڭنىڭ ھەربىي
ئىشلىرىغا ياردەملىشىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ۋەتەنگە قايتقاندىن
كېيىنلا خىزمىتىدىن قالدۇرۇۋېتىلگەن چۇڭ خۇغا ئۆلۈم جازاسى بەردى.
چاررۇسىيە شەرتنامىگە كىرگۈزۈلگەن ھوقۇق-مەنپەئىتىنىڭ چىڭ سۇلالىسى
ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەمەلگە چىدىماي
غەزەپلىنىپ قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلدى، چىڭ سۇلالىسى
ھۆكۈمىتىمۇ ھۇشيار تۇردى.
بۇ
چاغدا ھەر قايسى جاھانگىر دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ
ئارىلىشىپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتتى، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى
ئاخىرى يول قويۇپ، 6-ئاينىڭ 26-كۈنى چۇڭ خۇغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى
ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، زېڭ جىزېنى چاررۇسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئەۋەتتى.
كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق، 1881-يىلى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇڭگو-روسىيە
"ئىلى شەرتنامىسى"رەسمىي ئىمزالاندى، بۇ شەرتنامىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق
ئاساسلىق مەزمۇنى مۇنداق:
(1) رۇسىيە ئۆزى ئىگىلىۋالغان ئىلىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
(2) ئىلى خەلقىدىن رۇسىيە تەۋەلىكىگە ئۆتۈشنى خالايدىغانلارنىڭ بىر يىل
ئىچىدە كۆچۈپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىش.
(3) يەر بۆلۈپ بېرىش. ئىلى قورغاس دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلار
رۇسىيىگە بۆلۈپ بېرىلىدۇ، ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى كۆلزات كەنتىنىڭ
شەرقىي جەنۇبى 1864-يىلى "غەربىي-شىمال چېگرىسىنى چارلاپ ئايرىش
شەرتنامىسى"دە بېكىتىلگەن كونا چېگرا بىلەن چېگرىلىنىدۇ؛ ئاتاي، تارباغاتاي
زېمىنىنىڭ چېگرىسىغا كەلسەك، كۈيتۈندىن ساۋۇر تېغىغىچە بولغان ئارىلىقتىن
بىر تۈز سىزىق سىزىلىدۇ، چېگرا ئايرىشقا مەسئۇل بولغان ئەمەلدار تۈز سىزىق
بىلەن كونا چېگرا ئوتتۇرىسىدىن يېڭى چېگرىنى بېكىتىدۇ. قەشقەرنىڭ غەربى
بىلەن تۇتىشىدىغان چېگرا ئىككى دۆلەتنىڭ ھازىر باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان چېگرىسى
بويىچە بېكىتىلىدۇ.
(4) رۇسىيە جيايۈيگۇەن، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا كونسۇلخانا تەسىس
قىلىدۇ.
(5) رۇسىيە سودىگەرلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ قىلغان
سودىسىدىن باج ئېلىنمايدۇ.
(6) 9 مىليون رۇبلى تۆلەم بېرىلىدۇ.
"جۇڭگو-روسىيە ئىلى شەرتنامىسى"نىڭ ئىمزالىنىشى رۇسىيىنىڭ دۆلىتىمىز ئىلى
رايونىغا يۈرگۈزگەن مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلگەنلىكتىن
دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئېلىمىزنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چارروسىيىنىڭ
تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كۈنسېرى ئەۋج ئالغانلىقىنىڭ
نەتىجىسى. 1881-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئىلى سانغۇنى
جىڭ شۈننى ئىلىنى قايتۇرۇۋېلىش ئىشلىرىنى بېجىرىشكە بۇيرۇدى. ئىككىنچى يىلى
تارباغتاينىڭ مەسلىھەتچى ئامبىلى ئىلىغا كېلىپ رۇسىيە تەرەپ ۋەكىلى بىلەن
ئىلىنى قايتۇرۇۋېلىش چارىلىرى ئۈستىدە كېڭىشىپ، ئىلى خەلقىنى يىغىپ جۇڭگو
ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلانىنى ئوقۇغان ۋە كوچىلارغا چاپلىغاندا، ئىلىدىكى ھەر
مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. 3-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو-روسىيە
ئىككى تەرەپ شەرتنامە نۇسخىسىنى ئالماشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسى
ھۆكۈمىتى ئىلىنى رەسمىي ئۆتكۈزۈۋالدى. جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى قانلىق كۈرەش
قىلىپ قوغدىغان ئىلى ئاخىرى ۋەتىنىمىز قوينىغا قايتىپ كەلدى.
(6) شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ
تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى
20 -
ئەسىرنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى چىرىك چىڭ
سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بۇرژۇئا ئىنقىلابىنى قانات
يايدۇردى، 1911-يىلى شىنخەي ئىنقىلابى پارتلاپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ
ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى.
شىنخەي ئىنقىلابى پارتلاشنىڭ ئالدى-كەينىدە، چاررۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرى
ئىبلىس قولىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونلىرىغا ئۇزاتتى.
چارروسىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئالدىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى
ئىگىلمەي-پۈكۈلمەي كۈرەش قىلدى.
1901-يىلى رۇسىيىنىڭ قەشقەردىكى بىر ئەلچىسى ئاياللارنى ھاقارەتلىگەچكە ھەر
مىللەت خەلقىنىڭ چەكسىز غەزىپىنى قوزغىدى، 2 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم رۇسىيە
كونسۇلخانىسى ئادىدا كۈچ كۆرسىتىپ، نامايىش قىلىپ، كونسۇلخانا مۇھاپىزەت
ئەترىتى بىلەن باتۇرانە ئېلىشتى، بۇ قېتىمقى ۋەقە گەرچە باستۇرۇلۇپ كەتكەن
بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو خەلقىنىڭ ھاقارەت قىلىشقا يول قويماسلىقتەك مىللىي
غۇرۇرى نامايان قىلىندى. 1901-يىلى 2-ئايدا، رۇسىيىنىڭ بىر ئوفىتسېرى
دوتەينىڭ خېتىنى ئېلىپ، تۆت ئەسكەر ۋە تۆت ياردەمچى بىلەن بىللە سېرىققولغا
قېچىپ كېلىپ، باش مۇپەتتىشىنىڭ تەستىقى بىلەن بۇ يەرنىڭ پوچتا كەسپىنى
باشقۇرغىلى كەلدۇق دېگەندە، بۇ ئىش يەرلىك خەلقنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى.
دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، يەرلىك خەلق چىڭ سۇلالىسىنىڭ
يەكەندىكى ئەمەلدارىغا 100 نەچچە ئادەم قول قويغان بىر تەلەپنامىنى سۇنۇپ،
جۇڭگونىڭ پوچتا ئىشلىرىنى چەت ئەللىكلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا قارشى چىقتى.
1912-يىلى 5-ئايدا، پەيزىۋات، خوتەن قاتارلىق جايلارمۇ كۆپ قېتىم رۇسىيىنىڭ
تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشى پارتلىدى، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇپ،
ۋەتەننى سۆيۈش ئاساسىدا پارتلىغان چىرا كەنتى ۋەقەسى ئاشۇنداق ۋەزىيەتتە
پارتلىغان. چىرا كەنتى ھازىرقى چىرا ناھىيىسى بولۇپ، ئۇ چاغدا ئۇدۇن
مەھكىمىسىگە قارايدىغان بىر مۇھىم بازار ھەم رۇسىيە سودىگەرلىرى كېلىپ
سودىگەرچىلىك قىلىدىغان جايلارنىڭ بىرى ئىدى. چارروسىيىنىڭ قەشقەردە
تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى بۇ يەردە قانۇنسىز ھالدا شاڭيو قويۇپ، رۇسىيە
مۇھاجىرلىرى تەشكىلاتى قۇردى، بۇ رۇسىيە مۇجاھىرلىرى، شاڭيولار كىشىلەرنى
قانۇنسىز ھالدا رۇسىيە مۇجاھىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، جۇڭگولوقلارنى
روسىيىلىكلەرگە ئايلاندۇردى، ئۇلارنىڭ قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىدى. شۇ
چىغدا چىرا كەنتىدىكى شاڭيو سېيت ئاشۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياۋۇز بىر ئادەم
بولۇپ، ئۇ رۇسىيىلىكلەرنىڭ ھىمايىسىدە باشقىلارنى بوزەك قىلىپ، ئىنتايىن
غالجىرلىشىپ كەتتى.
ئىلىدىكى ئىنقىلابىي پارتىيىنىڭ ئەزالىرى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ چىڭ
سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا ھۇجۇم قوزغىغان
چاغلاردا، چاررۇسىيە بارغانلىكى جايدا بالايىئاپەت پەيدا قىلىشقا
قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، توپىلاڭ پىلانلىدى، سېيتمۇ ھەدەپ ھەرىكەتلىنىپ، شۇ
جايدىكى خەلقنى رۇسىيە تەۋەلىكىگە ئۆتۈڭلار، رۇسىيىنىڭ "مۇھاپىزىتى"نى
قوبۇل قىلىڭلار دەپ ئازدۇرۇپ، قورال-ياراغ، ئوق-دورا تارقىتىپ، توپىلاڭ
كۆتۈرۈشنى قەستلەپ، شىنجاڭنى پارچىلاشقا ئۇرۇندى. سېيت ئۆزى ئازدۇرالمىغان
ئاممىنى كۆپ تەرەپتىن بوزەك قىلدى، ھەتتا يەر سۇغۇرۇشقا سۇ بەرمەي
زىرائەتلىرىنى قۇرۇتۇۋەتتى. 1912-يىلى 2-ئايدا، يەرلىك خەلق ئۇلارنىڭ
ئۈستىدىن ئەرز سۇنغاندا، سېيت مەن "رۇسىيە مۇھاجىرى" دەپ ئەمەلدارلارنى
قورقاتتى، ئۇ نەزەربەند قىلىنغان بولسىمۇ، چارروسىيىنىڭ قانات ئاستىغا
ئېلىشى ئارقىسىدا تېزلا قويۇپ بېرىلدى. سېيت داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ
يۈردى، چاررۇسىيە لەشكەر ئەۋەتىپ قەشقەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن،
ئۇ تېخىمۇ ئەيمىنمەيدىغان بولۇۋېلىپ، چىرا كەنتىدىكى ئاھالىنى رۇسىيە
تەۋەلىكىگە ئۆتۈشكە مەجبۇرلىدى، يەرلىك خەلق يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ ئۈستىدىن
ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلدى. شۇ چاغدا قەشقەرنى تىزگىنلەپ تۇرغان گىلاۋخوينىڭ
ئاقساقىلى بيەن يۇڭغۇ، ۋەي دېشى قاتارلىقلار چىرا خەلقىنىڭ رۇسىيىلىكلەرنىڭ
يولسىزلىقلىرىغا قارشى تۇرۇشنى ناھايىتى قوللاپ يەكەننىڭ مەسلىھەتچى
سانغۇنى شۇڭ گاۋشېڭ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى جاۋداشېڭنى چىراغا بۇ ئىشنى
تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇدۇن خەلقى سېيتنى جازالاشنى تەلەپ
قىلغاندا، سېيت ئۆزىنىڭ چوماقچىلىرىنى ئوق چىقىرىپ قارشىلىق كۆرسىتىشكە
بۇيرۇپ شۇ مەيداندىلا جۇ شۇتاڭ ۋە ئىككى ئەسكەرنى، بىر قانچە ئاممىنى ئېتىپ
ئۆلتۈردى، بىر كىشىنى يارىلاندۇردى. ھەر مىللەت خەلقى مۇنداق زوراۋانلىق
ھەرىكىتىگە چىداپ تۇرالمىدى، سۈپۈرگە دېگەن ئادەم بىلىكىدە قىزىل لاتا
باغلىغان خەلق ئاممىسىنى يېتەكلەپ، قوللىرىغا كالتەك، نەيزە، كەتمەن
قاتارلىق ياراقلارنى ئېلىپ قارشىلىق كۆرسىتىپ، شۇ مەيداندىلا باسمىچىلاردىن
29 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، سېينىڭ ھويلا-قورولىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى، سېيت
ئايالچە ياسىنىپ، قاراڭغۇدا ھويلىسىنىڭ ئارقا تېمىدىن تۆشۈك ئېچىپ قەشقەرگە
قېچىپ بېرىپ كونسۇلخانىغا كىرىۋالدى. غەزەپلەنگەن ئامما بۇ پۇرسەتتىن
پايدىلىنىپ چارروسىيىنىڭ چىرىدا قانۇنسىز قويغان شاڭيو تەشكىلاتلىرىنى
پاچاقلاپ تاشلاپ، چاررۇسىيە قانۇنسىز ھالدا ئاچقان روسىيىلىكلەر
مەكتەپلىرىنى تاقىدى، چىرا خەلقىنىڭ ھەققانىي كۈرىشى پۈتۈن مەملىكەت
خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.
لېكىن يۈەن شىكەي ھۆكۈمىتى چارروسىيىنىڭ ھەيۋىسى ئالدىدا چىرا خەلقىگە
ساتقۇنلۇق قىلىپ، چارروسىيىنىڭ ناماقۇل بولۇش، قاتىللارنى جازالاش، نەپىقە
بېرىش قاتارلىق تەلەپلىرىگە ماقۇل بولدى. چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى شىمالىي
مىللىتارسلار ھۆكۈمىتىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئىنساپسىزلىق
قىلدى، 8-ئاينىڭ 26-كۈنى كېچىدە، چاررۇسىيە قوشۇنلىرى تەپ تارتماي قەشقەر
شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىنى پارتلىتىپ، شەھەرگە كىرىپ خالىغىنىچە ئىغۋارگەرچىلىك
قىلدى. تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئۆكتەملىكى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ساتقىنلىقى ئالدىدا، ھەر
مىللەت شىنجاڭ خەلقى باتۇرانە كۈرەش قىلدى. يۈەن شىكەي ۋە ياڭ زېڭشىن "ۋەقە
تۇغدۇرغۇچى" شۇڭ گاۋشېڭ قاتارلىقلارنى تۇتۇپ جازالىماقچى بولغاندا، گۇما،
قاغىلىق، يەكەن قاتارلىق جايلاردىكى ۋەتەنپەرۋەر ئارمىيە-خەلق داغدۇغىلىق
مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، زەمبىرەك ئېتىپ شوڭ گاۋشېڭ قاتارلىق كىشىلەرنى
كۈتۈۋېلىپ، قەھرىمانلارغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى. چارروسىيىنىڭ
قەشقەردە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن كونسۇلى بىلسىن چىرىغا "ماتېرىيال" توپلاشقا
بارغاندا، شۇ جايدىكى ۋەتەنپەرۋەر كوماندىر-جەڭچىلەر ئاشكارا قارشى تۇردى.
خوتەن، قەشقەرلەردىكى ھەر مىللەت خەلقى غەزەپ بىلەن قارشى تۇرغاچقا،
چاررۇسىيە ئېلىمىزنىڭ 180 ئەمەلدار-پۇقراسىنى ئۆلتۈرۈپ بېرىش كېرەك دېگەن
يولسىز تەلىپىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدى.
1913-يىلى 2-ئايدا چىرا كەنتى ۋەقەسى توغرىسىدا قەشقەردە سوت ئىچىلدى.
ئاتالمىش "داۋاگەر"سوكۇف قاتارلىق 26 يالغان رۇسىيە مۇھاجىرىنىڭ ئادىدا،
"جاۋابكار" شوڭ گاۋشېڭ قاتارلىق 70 نەچچە ۋەتەنپەرۋەر ئەمەلدار ۋە پۇقرا
پاكىت قويۇپ سېيت قاتارلىقلارنىڭ تۈرلۈك جىنايەتلىرىنى غەزەپ بىلەن
ئەيىبلىدى. سوكۇف قاتارلىقلار پولاتتەك پاكىتلار ئالدىدا زۇۋانى تۇتۇلۇپ،
رەسۋا بولدى، دەۋاگەردىن جاۋابكارغا ئايلانغان سوكۇف چىچاڭلاپ،
پاراكەندىچىلىك سالغاچقا، سوت توختىتىلدى. لېكىن شىمالىي مىللىتارىسلار
ھۆكۈمىتى چارروسىيىنىڭ تەھدىتى ئالدىدا خوتەننىڭ ئايماق بېگى تاڭ يۈنجۇڭ
بىلەن نىيە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى شېن يۇڭچىڭنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى، ئۇلارغا
جەرىمانە قويدى؛ شوڭ گاۋشېڭغا 12 يىللىق قاماق جازاسى، جاۋ داشېڭغا ئالتە
يىل ئېغىر ئەمگەك جازاسى بەردى، چىرادىكى سۈپۈرگە دېگەن ئادەمنىڭ
باشچىلىقىدىكى تۆت ۋەتەنپەرۋەر پۇقراغىمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا، تۆت يىلدىن
ئون يىلغىچە ئېغىر ئەمگەك جازاسى بەردى. جۇڭگو يەنە تېخى چارروسىيىگە 70
مىڭ سەر كۆمۈش تۆلەپ بەردى.
چىرا
خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى سۆيۈش كۈرىشى گەرچە
ئادالەتسىزلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر مىللەت خەلقى
تىز پۈكمىدى. كېيىن قەشقەر، خوتەن، گۇما، قاغىلىق، يەكەن ۋە ئىلى،
ئالتايلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىسىمۇ چارروسىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش
ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردى. چىرادىكى ۋەتەنپەرۋەر
پۇقرالارنىڭ ئاقساقىلى سۈپۈرگە دېگەن ئادەم جازا مۇددىتى توشۇپ ئائىلىسىگە
قايتقاندا، پۈتۈن يۇرتتىكى چوڭ-كىچىك، ياش-قىرىلار ئالدىغا چىقىپ قارشى
ئالدى، بەزى كىشىلەر 300 چاقىرىم يول يۈرۈپ خوتەنگە بېرىپ ئالدىغا چىقتى.
سۈپۈرگە قاتارلىق كىشىلەر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە يەرلىك خەلق بىلەن
بىللە داۋاملىق چاررۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىپ كەتتى.
گۇما قاتارلىق جايلاردىكى ئالدىنىپ رۇسىيە تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ كەتكەن بىر
مۇنچىلىغان جۇڭگولۇقلار چارروسىيىنىڭ جىنايى ئەپتى-بەشىرىسىنى تونۇپ
يەتكەندىن كېيىن چارروسىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق جىنايەتلىرىنى غەزەپ بىلەن
ئېچىپ تاشلاپ، ئارقا-ئارقىدىن جۇڭگو تەۋەلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ
قىلدى. 1915-يىلى ئۇدۇندىكى ھەر مىللەت خەلقى چاررۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا
قارشى كۈرەش قىلىپ، بۇ تاجاۋۇزچىلارنى رۇسىيىگە قوغلىۋېتىش توغرىسىدا
ئاشكارا بايانات ئېلان قىلدى. شۇ يىلى 4-،5-ئايلاردا چاررۇسىيە ئالتاي
رايونىدىكى سارسۈمبە، قابا، بۇرچىن تەۋەسىگە قانۇنسىز ھالدا زور تۈركۈم
مۇستەملىكىچىلەرنى كۆچۈردى، ئۇلار تېرىلغۇ يەرلەر، ئوتلاقلارنى تىزگىنلەپ،
ئۇلاقلارنى بۇلاپ، سۇ مەنبەلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ خەلقنى بوزەك قىلغاندا، ھەر
مىللەت خەلقى قوزغىلىپ قارشى تۇرۇپ، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قوشۇنلارنىڭ
ماسلىشىشى ئارقىسىدا تاجاۋۇزچىلارغا قارىشى كۈرەش قىلدى.
قىسقىسى، بۇ بىر تارىخىي مەزگىلدە شىمالىي مىللىتارس ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەن
ساتقۇچلۇق سىياسىتى ۋە شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللىتارىسلارنىڭ كالۋالىقى
تۈپەيلىدىن، چاررۇسىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭغا بولغان
تاجاۋۇزچىلىقنى كېڭەيتكەن بولسىمۇ، لېكىن تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش
كۈرىشى ئەنئەنىسىگە ئىگە ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقى ئىچكى جايلاردىكى بۇرژۇئا
ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ زور باتۇرلۇق بىلەن
تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلىنىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ زېمىنى ۋە
ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىسىسىق قېنى ئەزىز جېنى بىلەن قوغداپ، چارروسىيىنىڭ
جۇڭگونى پارچىلاش، شىنجاڭنى ئىشغال قىلىۋېلىش خام خىيالىنى تارمار قىلىپ،
جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى تارىخىدا شانلىق سەھىپە
ئاچتى. بۇ تارىخىي پاكىتلار ئېلىمىز ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چەت ئەل
تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش يولىدا، زوراۋانلاردىن قورقماي، ئىتتىپاقلىشىپ
كۈرەش قىلىشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.
يۇقىرىدا ئېيتىلغان 1840-يىلىدىن 1932-يىلىغىچە بولغان 100 يىلغا يېقىن
تارىختىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقى بىردەك
ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتەنگە تەلپۈنۈپ، ئىسىسىق قېنى ۋە ئېزىز جېنى ئارقىلىق
تۈرلۈك مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئىگىلىك
ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغدىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مول ئىنقىلابىي
كۈرەش تەجرىبىلىرىنى توپلاپ كېيىنكى چاغلاردىكى تاجاۋۇزچىلىققا قارشى
تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس
سالدى.
2.
1933 - يىلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نىڭ گۇمران بولىشى
20 -
ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا جاھانگىرلارنىڭ پىلانلىشى بىلەن،
شىنجاڭدا پانئىسلامىزمنىڭ بىر ئوچۇم تەرغىباتچىلىرى جۇڭگونى پارچىلاشتەك
رەزىل ئويۇننى ئويناپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» دېگەن نېمىنى
ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ رەزىل ئويۇن باشلىنىشى بىلەنلا شىنجاڭدىكى ھەر
مىللەت خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىدى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ،
مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەققانىي كۈرىشى تېزدىن قوزغالدى.
ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش ئويۇنى يېرىم يىلغا بارماي ئاخىرلاشتى. بۇ
يېقىنقى زاماندا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى
تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور غەلىبە. بۇ
كۈرەشتە پانئىسلامىزم بىلەن پانتۈركىزم شىنجاڭغا تارقىلىپ پەيدا قىلغان
ئېغىر ئاقىۋەت بىر قەدەر تولۇق ئاشكارىلاندى. شۇڭا بىز گەپنى ئالدى بىلەن
پانئىسلامىزم ۋە پانتۈركىزمنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭغا
تارقىلىشىدىن باشلايمىز.
(1)
پانئىسلامىزم بىلەن پانتۈركىزمنىڭ پەيدا بولۇشى
پانئىسلامىزم 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پەيدا بولغان، ئۇنىڭ ئاساسىچىسى
ئافغانىستانلىق جامالىدىن. دەسلەپتە غەرب مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقى
ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ شەرق مەدەنىيىتىگە بەرگەن زەربىسى شۇنىڭدەك
مۇسۇلمانلارنىڭ دىن قارىشىنىڭ سۇسلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان، كۆرگەن
جامالىدىندا ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈرۈش ئىدىيىسى بىخلانغان ۋە شەكىللەنگەن
ھەمدە ئۇ تەدرىجىي پانئىسلامىزمنى شەكىللەندۈرۈپ، بارلىق مۇسۇلمانلار
بىرلىشىپ، بىرلىككە كەلگەن ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.
جامالىدىن تارقاتقان پانئىسلامىزم مىللەتتىن، سىنىپتىن، دۆلەتتىن ھالقىغان
تار دىن قارىشى بولۇپ، ئۇنىڭدا فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇشمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا
قويۇلمىغان. شۇڭا كېيىنكى چاغلاردا پانئىسلامىزم فېئودال كۈچلەر ۋە
جاھانگىرلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىدىكى ياۋروپا
مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تالان-تاراج قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، دۆلەت ۋە مىللەتنى
تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتىلىشتەك كىچىككىنە نۇرىنىمۇ يوقىتىپ قويدى. لېنىن
پانئىسلامىزمنىڭ سىنىپى ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇ "ياۋروپا، ئامېرىكا
جاھانگىرلىكىگە قارشى ئازادلىق ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ، خاقان، پۇمېشچىك،
موللا قاتارلىقلارنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنۇش" قورالى دەپ
قارىغانىدى. ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەر پانئىسلامىزمنى بۇ
دۆلەتلەرنى پارچىلاشتىكى ئىدىيىۋى قورال قىلىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكىگە
ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى.
پانتۈركىزممۇ پانئىسلامىزمغا ئوخشاشلا بۇرژۇئا شوۋىنىزمى پىكىر ئېقىمى.
پانتۈركىزم تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان بارلىق مىللەتلەرنى ئوسمانلى تۈرككە
بىرلەشتۈرۈپ، چوڭ تۈرك ئىمپېرىيىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۇنىڭ
دائىرىسىنى سپۇرۇس بوغۇزىدىن ئالتاي تاغلىرىغىچە، ھەتتا ئوتتۇرا دېڭىز،
تىنچ ئوكيانغىچە كېڭەيتىپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ 16-ئەسىردىكى گۈللەنگەن
دەۋرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خام خىيال قىلىدۇ. پانتۈركىزم ئەڭ بۇرۇن
19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ياۋروپادا، بولۇپمۇ چاروسىيە زېمىنىدىكى
تاتارلار ئارىسىدا پەيدا بولغان. پانتۈركىزم ئىدىيىسى دەل ئوسمانلى
تۈركىنىڭ فېئودال-پومېشچىكلار سىنىپى ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ سىياسىي
ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كەلگەچكە، ئوسمانلى تۈركتە يىلتىز تارتقان ھەمدە
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تاقالغان. ۋەھالەنكى، دۇنيادا ئەزەلدىن تۈرك
بىر كۆچمەن قەبىلە سۈپىتىدە مەۋجۇد بولغان، تاڭ سۇلالىسىغا كەلگەندە
شەرقىي، غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ گۇمران بولۇشى بىلەن تۈركىي قەبىلىلەر
ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، تۈركلەر تەرەققىي قىلىپ يېقىنقى زامان مىللىتىگە
ئايلىنىش تارىخىي پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان، ئەسلىدىكى تۈركلەرنىڭ
ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى قەبىلىلەر ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يولىغا ماڭغان.
ئۇنداق بولسا، ئۇلار پانتۈركىزمنى نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۈچەپ تەرغىب قىلىدۇ؟
دەل ئېنگلىس پانئىسلامىزمنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىغاندا دېگەندەك،
"پانئىسلامىزم مەۋجۇد بولمىغان سىلاۋىيان مىللىتىدىن ئىبارەت بۇ نىقاب
ئاستىدا، دۇنيا زومىگەرلىكىنى تالىشىدىغان ئالدامچىلىق پىلانى بولۇپ، ئۇ
بىزنىڭ ۋە روسىيىلىكلەرنىڭمۇ ئەشەددىي دۈشمىنىمىز." شۇڭا بىزمۇ شۇنداق
دېيەلەيمىزكى، پانتۈركىزم مەۋجۇد بولمىغان تۈركىي مىللەتتىن ئىبارەت بۇ
نىقاب ئاستىدا ئوسمان ئىمپېرىيىسى تارىخىي چۈشىنى قايتا چۈشەپ، يەنىمۇ
ئىلگىرىلەپ چوڭ تۈرك ئىمپېرىيىسى قۇرۇشنى تەرغىب قىلىدىغان ئالدامچىلىق
پىلانىدۇر.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پانئىسلامىزم، پانتۈركىزم بىر خىل
ئەكسىيەتچىل پىكىر ئېقىمى بولۇپ، ئۇ جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ سىرتقا قارىتا
تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. شۇڭا
پانئىسلامىزم، پانتۈركىزم قەپەستىن چىققاندىن كېيىن جاھانگىر دۆلەتلەر بۇ
ئەكسىيەتچىل ئىدىيىنى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە كۈچەپ سىڭدۈردى. جۇڭگونىڭ
شىنجاڭ رايونى ئۇلارنىڭ مۇھىم نىشانى بولدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مىللىي
بۆلگۈنچىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى شىنجاڭدا گاھ ئۆرلەپ، گاھ پەسىيىپ،
ئالىتوپىلاڭ پەيدا قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا
ئۇزاق مۇددەت خەۋپ يەتكۈزدى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلدى.
(2)
پانئىسلامىزم، پانتۈركىزمنىڭ شىنجاڭغا سىڭىپ كىرىشى ۋە شىنجاڭدا مىللىي
بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ پەيدا بولۇشى
شىنجاڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم بولغان كۆپ مىللەتلىك رايون، شىنجاڭدا
كۆپ ساندىكى مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پانئىسلامىزم،
پانتۈركىزم پەيدا بولغاندىن كېيىن، جاھانگىرلار ۋە تۈركىيە پانئىسلامىزم
بىلەن پانتۈركىزمنى شىنجاڭغا كۈچەپ تارقاتتى. 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا،
پانتۈركىزمنى ئەڭ بالدۇر تارقاتقان گاسپىرنىسىكىي چىقارغان "تەرجىمان
گېزىتى"ژۇرنىلى شىنجاڭغا ئېقىپ كىرگەن. 1915-، 1916- يىللىرى گېرمانىيىلىك
فون ھېنتىخ باشچىلىقىدىكى ئىشپىيونلۇق تەشكىلاتى ئافغانىستان، رۇسىيە ۋە
جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىغا پانئىسلامىزم بىلەن پانتۈركىزمنى تەشۋىق
قىلىدىغان كىتابچىلاردىن كېيىن، دۇنيا ۋەزىيىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش
بولدى. جاھانگىرلار ياش سوۋېت دۆلىتىگە قارشى تۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە
جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ۋە ئۇنى پارچىلاش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭغا
ئىدىيە، مەدەنىيەت جەھەتتىن سىڭىپ كىرىشنى تېزلەتتى، ئۇنىڭ ئاساسلىق
مەزمۇنى پانئىسلامىزم بىلەن پانتۈركىزمنى ھەدەپ تارقىتىش بولدى. ئاساسلىق
سىڭىپ كىرىش ئۇسۇلى مەكتەپ ئېچىش، ياش ـ ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارغا
پانئىسلامىزم، پانتۈركىزمنى ئاشكارا سىڭدۈرۈش بولدى. 1914-يىلى 2-ئايدا
تۈركىيىلىك پانئىسلامىزمچى ئەھمەد كامال تۈركىيە "بىرلىك ۋە تەرەققىيات
پارتىيىسى" (پانتۈركىزمنى ئەسەبىيلەرچە تەرغىب قىلغۇچىلار پارتىيىسى) نىڭ
كاتتا بېشى مۇھەممەد تاراشاننىڭ ھاۋالىسى بىلەن شىنجاڭدىكى ئاتۇشقا كېلىپ،
ھەر مىللەت ياش ـ ئۆسمۈرلىرىنىڭ ۋەتەن قارىشىنى سۇسلاشتۇرۇپ، جۇڭگونى
پارچىلاش يولىدا خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، مەكتەپ ئېچىش نامى بىلەن
ئوقۇغۇچىلارغا پانئىسلامىزم بىلەن پانتۈركىزمنى ھەدەپ سىڭدۈرگەن،
ئوقۇغۇچىلارنى ئوسمانلى تۈرك سۇلتانىنى ئۆز داھىسى دەپ بىلىشكە، ئوسمانلى
تۈرك خەلىپىسىنى ئۆزىنىڭ مەنىۋى ئاتىسى دەپ بىلىشكە زورلىغان. ھەتتا ناخشا
ئېيتقاندىمۇ تۈركىيە ناخشىلىرىنى ئېيتقۇزغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە
تاتارلار، تۈركلەر كوچا، يەكەن، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا مەكتەپ ئېچىپ،
پانئىسلامىزم بىلەن پانتۈركىزمنى تارقاتقان. ئەينى چاغدا چەت ئەلدە
ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە پانئىسلامىزم بىلەن پانتۈركىزمنى قوبۇل قىلغان،
ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئىلىدا "تۇران" مەكتىپى ئېچىپ، "ئەجدادىمىز تۈرك،
ۋەتىنىمىز تۈركىيە" دەپ ھەدەپ داۋراڭ سالغان. بەزى ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل
ئەكسىيەتچىل پىكىر ئېقىمىنىڭ چىرىتشى بىلەن پانتۈركىزمچى، پانئىسلامىزمچى
بولۇپ كەتكەن، كېيىنكى كۈنلەردە "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى"
قورچاق ھۆكۈمىتىنىڭ كاتتىۋېشى بولغان سابىت داموللا ئاتۇشتا مۇشۇنداق
تەربىيە كۆرگەن.
مەكتەپ ئاچقاندىن سىرت، ئۇلار يەنە دىنىي پائالىيەتتىن پايدىلىنىپ دىنىي
دەرس ئۆتۈپ، پانئىسلامىزم بىلەن پانتۈركىزمنى تاقىتىپ، ھەدەپ قۇتراتقۇلۇق
قىلغان ۋە ئاممىنى قايمۇقتۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە شىنجاڭدىن
مەككىگە ھەج قىلىشقا بارغانلار ياكى تۈركىيە، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا
ئاسىياغا ئوقۇش، تىجارەت قىلىش، ئىشلەش ئۈچۈن بارغانلار ئارىسىدا
پانئىسلامىزم بىلەن پانتۈركىزم تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان.
جاھانگىرلار جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىغا ئىدىيە، مەدەنىيەت جەھەتتىن سىڭىپ
كىرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرغاچقا، 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى شىنجاڭدا مەسئۇد، سابىت
داموللا، مۇھەممەت ئىمىن قاتارلىق پانتۈركىزمچى، پانئىسلامىزمچىلار
تەدرىجىي پەيدا بولدى، ئۇلار ھەدەپ پۇرسەت تېپىپ ۋەتەننى پارچىلاش ھەرىكىتى
بىلەن شۇغۇللاندى. 1930-يىلى سابىت داموللا بىلەن مۇھەممەت ئىمىن غۇلجىدا
تونۇشتى، ئۇلار ھەمنەپەس بولۇپ، جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرىۋېتىپ،
"مۇستەقىل" دۆلەت قۇرۇش سۇيقەستىدە بولدى.
(3)
جىن شۇرېننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ۋە شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى قالايمىقان
بولۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن
سەھنىدە ئۆزىنى كۆرسىتىشى
1928-يىلى جىن شۇرېن "7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى"نى باستۇرغاندىن كېيىن،
شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزدى. ئۇ ھەر مىللەت خەلقىنى
دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيە قىلدى ۋە ئەزدى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە
كەمسىتىش، تالان-تاراج قىلىشتىن ئىبارەت ئەكسىيەتچىل سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ھەر
مىللەت خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى. 1931- يىلى قۇمۇل دېھقانلىرى ئالدى
بىلەن قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. بۇنىڭ بىلەن جىن شۇرېننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا
قارشى كۈرەش توختىمىدى. مالىمانچىلىق يىللىرىدا، دۆلەت ئىچكى مىللىي
بۆلگۈنچى كۈچلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىپ، شىنجاڭنى
ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدىن ئايرىپ چىقىپ، جاھانگىرلارنىڭ بېقىندىسىغا
ئايلاندۇرماقچى بولدى. 1933-يىلى 1-ئايدا كۇچادىكى ھامماللارنىڭ باشلىقى
تۆمۈر قۇمۇل دېھقانلىرىنىڭ جىن شۇرېنغا قارشى كۈرىشىگە ئاۋاز قوشۇپ، كۇچادا
قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، كوچا شەھىرىنى ئىگىلىدى، ئارقىدىن بۈگۈر، باينى ئالدى،
2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاقسۇ شەھىرىنى ئىگىلىدى ھەمدە قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىشقا
پائال تەييارلىق كۆردى، شۇ جەرياندا ئۇ "مۇسۇلمانلارنى گۈللەندۈرۈپ،
خەنزۇلارنى يوقىتىمىز"، ئىسلام دۆلىتى" قۇرىمىز دېگەندەك بۆلگۈنچىلىك
تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ
چاغدا خوتەندىكى پانتۈركىزمچى، پانئىسلامىزمچى مۇھەممەت ئىمىن قۇمۇل
قوزغىلىڭىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تاقەتسىزلىك بىلەن چوڭ ئىنىسى
ئابدۇللانى قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ تەپسىلاتى شۇنىڭدەك جايلاردىكى جىڭ شۇرېنغا
قارشى كۈرەش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تىۋىپلىق قىلىش نامى بىلەن ئۈرۈمچى،
تۇرپان قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇھەممەت ئىمىن
قاراقاش ناھىيىسىدە بىر مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ، 130 ئەزا قوبۇل قىلدى ھەمدە
خۇپىيانە ھەر خىل قورال ـ ياراقلارنى ياسىدى. بۇ چاغدا سابىت داموللا
ھىندىستاندىن ئەمدىلا قايتىپ كەلگەنىدى. ئىككىيلەن يەنە بىر قېتىم
ئۇچرىشىپ، بۇنى ئۇلار 1930-يىلى غۇلجىدا قولغا كەلتۈرگەن ئورتاق تونۇشنى
ئىشقا ئاشۇرىدىغان پەيت دەپ قارىدى، سابىت داموللا مۇھەممەت ئىمىن
پىلانلىغان ھەرىكەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى، 1932-يىلىنىڭ ئاخىرى
ئابدۇللا خوتەنگە قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا قۇمۇل قوزغىلىڭى ۋە تۇرپان، پىچان،
توقسۇن قاتارلىق جايلاردىكى خەلقنىڭ جىن شۇرېننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى
تۇرۇش ئەھۋالى شۇنىڭدەك يول بويىدىكى جايلارنىڭ ئىجتىمائىي داۋالغۇش
ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي كۇچاردا تۆمۈر قوزغىلىڭى پاتلاپ،
ئۇلارغا زور ئىلھام بەردى، مۇھەممەت ئىمىن ۋە سابىت داموللا ھەرىكەت
قىلىدىغان پەيت پىشىپ يېتىلدى دەپ قارىدى. جىن شۇرېن ھىندىستاندىن
ئەكەلدۈرگەن بىر تۈركۈم ئوق ـ دورىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، 1933-يىل
2-ئاينىڭ 15-كۈنى قارىقاشتا قوزغىلاڭ كۆتۈردى، ئارقىدىنلا مۇھەممەت ئىمىن
قوزغىلاڭچىلارنى باشلاپ خوتەنگە ھۇجۇم قىلدى، يول بويى قوشۇننى ئۈزلۈكسىز
زورايتىپ، ناھايىتى تېزلا خوتەن، كېرىيە قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىدى.
خوتەننى ئىگىلىگەندىن كېيىن، مۇھەممەت ئىمىن بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت "خوتەن
ئىسلام ھۆكۈمىتى" تەشكىل قىلدى، يەرلىك مەشھۇر دىنىي زات مۇھەممەت نىياز
ھۆكۈمەت باشلىقلىقىغا سايلاندى، مۇھەممەت ئىمىن "ئەمىر"لىككە تەيىنلىنىپ،
ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل بولدى، سابىت داموللا دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل بولدى،
ئۇلار غالجىرلىق بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلايدىغان جىنايى
ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى. "خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى" قۇرۇلغاندىن كېيىن
ئەسكەر چىقىرىپ، مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئىنىسى شامەنسۇر ۋە سابىت داموللىنىڭ
باشچىلىقىدا گۇما، قاغىلىق، پوسكام، يەكەن قاتارلىق ناھىيىلەرگە ھۇجۇم
قىلدى ھەمدە قەشقەرنى ئىگىلەپ، بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت "شەرقىي تۈركىستان
ئىسلام جۇمھۇرىيىتى" قۇرۇش كويىدا بولدى.
(4)
"شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى"نىڭ قەپەستىن چىقىشى ۋە گۇمران
بولۇشى
جەنۇبىي شىنجاڭدا مالىمانچىلىق بولغان، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتى
كۆپەيگەن پەيتتە، ئەنگلىيە جاھانگىرلىكى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ
تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلدى. ئۇزۇندىن بېرى ئەنگلىيە جاھانگىرلىكى
دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مەملىكىتىمىز زېمىنى شىزاڭنى
ئايرىپ چىقىپ، "چوڭ شىزاڭ دۆلىتى" قۇرۇش كويىدا بولۇۋاتاتتى. ئاتالمىش "چوڭ
شىزاڭ دۆلىتى" مەملىكىتىمىزنىڭ پۈتۈن شىزاڭ شۇنىڭدەك شىنجاڭنىڭ جەنۇبى،
چىڭخەي، شىكاڭ(ھازىرقى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ غەربى)، يۈننەننىڭ غەربىي شىمالىي
قاتارلىق كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي زېمىننى ئايرىپ چىقىپ
قۇرماقچى بولغان "مۇستەقىل دۆلەت" تۇر. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەنگلىيە يەنە
جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىپ، ئۇنى ھىندىستان، ئافغانىستان، ئىران
قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، "چوڭ ئىسلام دۆلىتى"قۇرۇشنى
پىلانلىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇستەقىل
قىلىش ئەنگلىيىنىڭ ئاسىياغا تاجاۋۇز قىلىش ئومۇمىي ئىستراتېگىيىلىك
پىلانىنىڭ تەركىبىي قىسمى. شۇڭا سابىت داموللا، مۇھەممەت ئىمىن "شەرقىي
تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى" قۇرۇشنى پىلانلىغاندا دەرھال ئەنگلىيە
جاھانگىرلىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. 1933-يىلى 8-ئايدا ئەنگلىيە ھىندىستان
ھۆكۈمىتى ئارقىلىق قەشقەرگە جاسۇس ئەۋەتتى، ھىندىستانلىق سودىگەرلەرنىڭ
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ساھە بىلەن قويۇق ئالاقىسى بارلىقىدەك
پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئايرىم كىشىلەرنى ئەنگلىيىنىڭ جاسۇسلۇقى
ۋە تەشۋىقاتچىلىقىغا سېتىۋالدى، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا
پانئىسلامىزم بىلەن پانتۈركىزمنى ھەدەپ تەرغىب قىلدى، يەنە قەشقەردە "ياش
تۈرك پارتىيىسى"نى دوراپ "ياش قەشقەر پارتىيىسى" قۇردى. بۆلگۈنچىلىك
ھەرىكىتىنى قوللاش ئۈچۈن ئەنگلىيە 510 مىڭ رۇبلى چىقىرىپ، ئۇنى پائالىيەت
خىراجىتى قىلىپ بەردى. شۇ چاغدىكى شىنجاڭنىڭ دۇبەنى شىڭ شىسەي شىنجاڭنىڭ
جەنۇبىدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتى مەسىلىسى توغرىسىدا نەنجىڭدىكى گومىنداڭ
ھۆكۈمىتىگە يوللىغان دوكىلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەنىدى: "مەزكۇر قورچاق
ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە بارلىق ئاسىيلىق ھەرىكەتلىرىدە ئەنگلىيىنىڭ
قولى بار، ئۇنىڭغا ئەنگلىيىنىڭ خوتەنگە ئەۋەتكەن ۋەكىلى ئاستىرىتتىن
قوماندانلىق قىلىۋاتىدۇ".
ئەنگلىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، سابىت داموللا بىلەن مۇھەممەت ئىمىن
بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى تېزلەتتى. 1933-يىل 5 - ئايدا تۆمۈر، سابىت داموللا
قەشقەر ۋالى مەھكىمىسى قارمىقىدىكى قىرغىز مىللىي يىڭىنىڭ يىڭجاڭى ئوسمان
بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىچكى ـ تاشقى جەھەتتىن ماسلىشىپ قەشقەرگە ھۇجۇم
قىلدى، تۆمۈر قەشقەر كونىشەھەرنى ئىگىلىدى. سابىت داموللا قەشقەرگە
بارغاندىن كېيىن شۇ جايدىكى ھەر قايسى قاتلام زاتلىرى بىلەن كۆرۈشتىى،
نۇتۇق سۆزلىدى، پانئىسلامىزم بىلەن پانتۈركىزمنى تەرغىب قىلدى، مىللىي
ئۆچمەنلىكنى قۇتراتتى، شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىشنى تەرغىب قىلدى، مىللىي
بۆلگۈنچىلىك بايرىقىنى ئاشكارا كۆتۈرۈپ چىقىپ، كۈچىنىڭ بارىچە "شەرقىي
تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى"نى قۇراشتۇرۇپ چىقتى.
ئاتالمىش "تۈركىستان" تۈركلەر ئولتۇراقلاشقان ۋە ياشىغان جايلارنى
كۆرسىتىدۇ، مىلادى 8-ئەسىرنىڭ ئالدى ـ كەينىدە بارلىققا كەلگەن، كېيىن
تۈركىستاننىڭ دائىرىسى بارغانسېرى چوڭىيىپ، تۈركىي تىللىق مىللەتلەر
ئولتۇراقلاشقان بارلىق جايلارغا كېڭەيدى. 18-، 19-ئەسىردە رۇسىيە ۋە
ياۋروپادىكى نۇرغۇن يازغۇچى تۈركىستاننى پامىر ئىگىزلىكىنى چېگرا قىلىپ،
"غەربىي تۈركىستان" ۋە "شەرقىي تۈركىستان" دەپ ئايرىدى. چەت ئەللىكلەر
ئادەتتە شىنجاڭنىڭ جەنۇبى قىسمى ياكى شىنجاڭنىڭ ھەممىسىنى شەرقىي تۈركىستان
دەپ ئاتايدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئەسلىدە جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ ئىدى، كېيىن
جاھانگىرلار بۇ ئاتالغۇدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى جۇڭگونى پارچىلايدىغان قورالغا
ئايلاندۇرۇۋالدى. "شەرقىي تۈركىستان"دېگەن بۇ نام 20-ئەسىرنىڭ 20-،
30-يىللىرى شىنجاڭغا كىرگەن، مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ دۆلەتنى پارچىلاش
ئېھتىياجىغا باب كەلگەچكە، سابىت داموللا قاتارلىقلار قەشقەرگە كىرگەندىن
كېيىن تاقەتسىزلىك بىلەن "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھۆكۈمىتى"قۇرۇش
مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۆلگۈنچىلىك شوئارىنى ھەرىكىتىدە كۆرسەتتى.
ئەينى چاغدا تۆمۈر بىلەن خوتەن تەرەپ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت ناھايىتى چوڭقۇر
بولغاچقا، سابىت داموللىنىڭ تەشەببۇسى قوبۇل قىلىنمىغان 1933-يىلى 8-ئايدا،
ماشىمىڭغا قاراشلىق ماجەنساڭ قىسمى تۆمۈرگە ھۇجۇم قىلدى ھەمدە ئۇنى
ئۆلتۈردى. سابىت داموللا بىلەن ئوسمان يەنە بىرلىشىپ توققۇزاقنى
قايتۇرۇۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن سابىت داموللا ئەنگلىيە بىلەن تىل
بىرىكتۈرۈپ،"شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى"نى ياساپ چىقتى.
سابىت داموللا ئاتۇشتا تۇغۇلغان، كىچىكىدىن تارتىپلا ئىسلام دىنىدىن
سىستېمىلىق تەربىيە ئالغان، كېيىن ئاتۇش، قەشقەردىكى مەشھۇر دىنىي زاتقا
ئايلانغان. 1928-يىلىدىن كېيىن ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلىپ، تارىم ئويمانلىقىنى
بويلاپ شىمالغا مېڭىپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ، ئاقسۇ، كوچا قاتارلىق
جايلاردىكى دىنىي مەكتەپلەردە خەلپەتلىك قىلغان، كېيىن يەنە ئىلىغا بېرىپ
داۋاملىق دىنىي تەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1930-يىلىدىن كېيىن
ئۇ ئافغانىستان، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ئۇقۇپ، پانئىسلامىزم
بىلەن پانتۈركىزمنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئەنگلىيىنىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى بىلەن
ئالاقە ئورناتقان، 1933-يىلىنىڭ باشلىرىدا ۋەتەنگە قايتىپ، مۇھەممەت
ئىمىننىڭ قارىقاشتا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىنى قوللىغان ھەمدە خوتەن"ئىسلام
ھۆكۈمىتى"نىڭ دىنىي مەسئۇل بولغان. ئارقىدىن ئۇ قوشۇن تارتىپ، تۆمۈر بىلەن
بىرلىشىپ قەشقەرنى ئىگىلىگەن ھەمدە "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى"
قۇرۇشنى ئاكتىپ پىلانلىغان، تۆمۈر ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت
بولغاچقا، بۇ بۆلگۈنچىلىك پىلانى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. تۆمۈر
ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سابىت داموللا ئەنگلىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا
دۆلەتنى پارچىلايدىغان قورچاق ھۆكۈمەت قۇراشتۇرۇپ چىقىشنى تېزلەتتى. ئۇ
ئەكسىيەتچى فېئودال پومېشچىكلار ۋە يۇقىرى قاتلام دىنىي زاتلارنى ئەتراپىغا
توپلاپ، ئاۋۋال "خوتەن ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىلىدىغان ماددىي ئەشيا باشقۇرۇش
ئىدارىسى"قۇرۇپ چىقىپ، ئۇنى بۆلگۈنچىلىك تەشكىلاتى قىلدى. كېيىن بۇ
تەشكىلاتنىڭ ئىسمىنى "خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئىش
باشقارمىسى" قىلىپ ئۆزگەرتتى. 9- ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇ يەنە ئۇنى "شەرقىي
تۈركىستان مۇستەقىللىق جەمئىيىتى" دەپ ئۆزگەرتتى، ئۇ مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ
قۇرۇلۇش يىغىنىدا "شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتى" قۇرۇش
تەشەببۇسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۆلگۈنچىلىك ئەپتى ـ بەشىرىسىنى
ئاشكارىلىدى. سابىت داموللا قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ داھىيسى غوجا
نىيازنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ئارىسىدا يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە
ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگەچكە، بۆلگۈنچى ھۆكۈمەتنى پەردازلاش ئۈچۈن، ئۇ
ئاقسۇغا ئادەم ئەۋەتىپ غوجا نىيازنى ھۆكۈمەتنىڭ "زۇڭتۇڭ"نى بولۇشقا تەكلىپ
قىلدى. ئەنگلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىشى ۋە
رىژىسورلۇق قىلىش ئارقىسىدا، سابىت داموللىنىڭ جىددىي پىلانلىشى بىلەن،
1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى كېچىدە ئاتالمىش "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام
جۇمھۇرىيىتى"ئاخىرى ياسىلىپ قەپەستىن چىقتى. غوجا نىياز كەلمىگەن بولسىمۇ
يەنىلا "زۇڭتۇڭ"قىلىپ سايلاندى، سابىت داموللا "زۇڭلى"بولدى، بىر تۈركۈم
فېئودال پومېشچىك، سودىگەر، يۇقىرى قاتلام دىنىي زات، پانئىسلامىزمچى،
پانتۈركىزمچىلەر بۇ بۆلگۈنچى ھاكىمىيەتنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ئىگىلىدى. بۇ
قورچاق ھاكىمىيەت "ئاساسىي قانۇن"، ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلىي پروگراممىسى،
ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پروگراممىسى ۋە ۋازارەت، نازارەتلەرنى يولغا قويۇش
چارىسىنى تۈزدى. تەشكىلىي پروگراممىدا "شەرقىي تۈركىستان" "مەڭگۈ
دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت" بولدى دەپ جاكارلىدى. نەنجىڭ ۋە خەلقئارا
ئىتتىپاقنىڭ ئوڭايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىشىنى، ئاخىرقى مەقسەتكە يېتىپ مەڭگۈ
مۇستەقىل بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى، بۇ پروگرامما "شەرقىي
تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى"نىڭ سېپى ئۆزىدىن بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت
ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قەپەستىن چىقىشى دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق
قىلىدىغان ئېغىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
بۇ
بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت ئەنگلىيىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىشى ئارقىسىدا قۇرۇلغان،
ئۇ قۇرۇلۇش بىلەنلا دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ساتتى، چەت ئەلنىڭ
بېقىندىسى ۋە غالچىسى بولۇشنى راۋا كۆردى. ئۇنىڭ كاتتىۋېشى سابىت داموللا
ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ھىندىستان، ئافغانىستان، ئىران، ئەنگلىيە، ئامېرىكا،
ياپونىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ ئېتىراپ
قىلىشنى تەلەپ قىلدى. سابىت داموللا ئافغانىستان پادىشاھى باتۇر مۇھەممەت
دىنارغا يازغان خېتىدە نۇمۇسسىزلىق بىلەن "ئالىيلىرىنىڭ قورال ـ ياراق، توپ
ـ زەمبىرەك، ئوق ـ دورا جەھەتتە بىزگە ياردەم بېرىشلىرىنى ئىلتىماس
قىلىمىز... ئەگەر مۇمكىن بولسا، ئالىيلىرى يېڭىلمەس قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىپ
بىزگە ياردەم قىلغايلا... ئەگەر بىزنى ئۆزلىرىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە
ياردىمىدىن مۇھرۇم قىلىشىنى خالىمىسىلا، ئۇنداقتا بىزنى يېتەكلەپ،
ھىمايىلىرىگە ئالغايلا... " دېگەن.
بۇ
بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت پانئىسلامىزم بىلەن پانتۈركىزمنى ھەدەپ تەرغىب قىلىپ،
مىللەتچىلىك ئەسەبىيلىكىنى قۇترىتىپ، ئۇيغۇرلاردىن باشقا بارلىق مىللەتكە
ئۆچمەنلىك قىلدى ۋە ئۇلارنى قىردى، ماجۇڭيىڭ (خۇيزۇ) كۈچلىرى ئۆزلىرى بىلەن
قارشىلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ دىندىشى بولغان خۇيزۇلارغىمۇ چىش ـ
تىرنىقىغىچە ئۆچمەنلىك قىلىپ، "تۇڭگانلار خەنزۇلاردىنمۇ ئۆتە ئەشەددىي
دۈشمىنىمىز"، "تۇڭگانلاردىن ئېھتىيات قىلىشىمىز، ئۇلارغا قەتئىي تاقابىل
تۇرۇشىمىز، ھەرگىز يۈز ـ خاتىرە قىلماسلىقىمىز كېرەك" دەپ قارىدى.
شىنجاڭنىڭ قەدىمدىن بۇيانقى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تەرەققىيات تارىخىنى
كۈچەپ ئىنكار قىلدى، خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا
ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي
قىلىش تارىخىنى ئىنكار قىلدى، "سېرىق خەنزۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن
قىلچە مۇناسىۋىتى يوق، قارا تۇڭگانلارنىڭمۇ چوڭ مۇناسىۋىتى يوق، شەرقىي
تۈركىستان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانى" دەپ بىلجىرلىدى.
بۇ
بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت دۆلەتنى ئىسلام دىنى بويىچە قۇرۇشنى، مەھكىمە شەرئى
قۇرۇشنى جاكارلاپ، ھەر مىللەت خەلقىگە قالايمىقان تەن جازاسى بېرىپ، ھەدەپ
زىيانكەشلىك قىلدى، شەرىئەت بويىچە يۈزىگە چۈمبەل تارتمىغان ئاياللارنى
ئۆلتۈردى.
بۇ
بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت ۋەتەن ساتقۇچ فېئودال پومېشچىك سىنىپى ۋە يۇقىرى قاتلام
دىنىي زاتلارنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ
ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى. شۇڭا ئۇ, قەپەستىن چىقىشى بىلەنلا ھەر مىللەت
خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. خەلقنىڭ باج، ئىجارە تاپشۇرۇشقا قارشى تۇرۇش
ۋەقەلىرى بولۇپ تۇردى. بۇ بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت بىلەن قەشقەر ئەتراپىدا
ھەرىكەت قىلىۋاتقان باشقا كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت مۇرەككەپ ئىدى. شۇ
چاغدا يېڭىشەھەرنى قەشقەر ۋالىسى ماشاۋۋۇ ۋە ماجۇڭيىڭنىڭ قول ئاستىدىكى
ماجەنساڭ ئىگىلەپ تۇرۇۋاتاتتى، ئۇلار بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن كېلشەلمەيتتى.
شۇ چاغدا ئاقسۇنى ئىگىلەپ تۇرغان غوجا نىياز ئىنتايىن سىرلىق كۈچ ئىدى،
غوجا نىياز قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىدا باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، جىڭ شۇرېنغا
قارشى كۈرەشنىڭ داھىسىغا ئايلانىدى، بۇ كۈرەشتە ئۇ تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ
قوللىشىغا ئېرىشتى، ماجۇڭيىڭنى گەنسۇدىن شىنجاڭغا باشلاپ كىردى، ئۇ ئەسلىدە
ماجۇڭيىڭ بىلەن بىرلىشىپ جىڭ شۇرېنغا قارشى تۇرغان ئىدى، كېيىن ئولجا
بۆلۈشەلمەي، دۈشمەنلىشىپ قالدى. 1933-يىلى "12-ئاپرېل" سىياسىي
ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، شىنجاڭغا شىڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىق قىلدى، ئۇ ماجۇڭيىڭغا
قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلىنىڭ ياردىمىدە
غوجىنىياز بىلەن سۇلھى قىلدى ھەمدە غوجانىيازنى جەنۇبىي شىنجاڭ
گارنىزونىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلىدى، شۇنىڭدىن ئېتبارەن غوجانىياز شىڭ
شىسەي تەرەپتە تۇرۇپ ماجۇڭيىڭغا قارشى تۇردى، كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭدا
ماجۇڭيىڭ بىلەن جەڭ قىلىپ زىيان تارتىپ، ئاقسۇغا چېكىندى. ئەينى چاغدىكى
جەنۇبىي شىنجاڭدا غوجىنىيازنىڭ كۈچى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، دېيىشكە
بولاتتى، شۇڭا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى باشقا ھەرخىل كۈچلەر غوجىنىيازنىڭ كۈچىگە
تايىنىپ ئۆز كۈچىنى زورايتىشنى ئويلايتتى. ھېلىقى بۆلگۈنچى ھاكىمىيەتمۇ
بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى، ئۇ قەپەستىن چىقىشى بىلەنلا ئالدىراپ-تېنەپ
غوجىنىيازنى "زۇڭتۇڭ"لۇققا كۆتۈرۈپ، غوجىنىيازنىڭ كۈچى ئارقىلىق بۆلگۈنچى
ھاكىمىيىتىنى قوغداش غەرىزىدە بولدى.
ماجەنساڭ قىسمىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، غوجىنىياز بىلەن مامۇت قوشۇن تارتىپ
ئاتۇشتىن قەشقەرگە يۈرۈش قىلدى، 1934-يىل 1-ئاينىڭ 13-كۈنى قەشقەرگە كىردى.
غوجانىيازنىڭ ئادىمى كۆپ، قوراللىرى خىل بولغاچقا، ھەربىي جەھەتتە ناھايىتى
تېزلا قەشقەرنى كونترول قىلدى. بۇ چاغدا يېڭىشەھەرنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان
ماجەنساڭ قىسمى بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت ئۈچۈن تەھدىت بولۇۋاتقان ئەڭ چوڭ
قوراللىق كۈچ ئىدى، غوجىنىياز ماجۇڭيىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىپ قالغاچقا، قەشقەر
كونىشەھەرگە كىرگەندىن كېيىن ماجۇڭيىڭ قارمىقىدىكى ماجەنساڭغا ھۇجۇم قىلدى،
يېڭىشەھەر خەۋپ ئىچىدە قالدى. ماجۇڭيىڭ ماشىمىڭنى ئىككى مىڭ ئادەم بىلەن
ماجەنساڭغا ياردەمگە ئەۋەتتى."خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى" ماشىمىڭ قىسمىنى
توسۇش ئۈچۈن نۇرمۇھەممەتنى 300 دىن كۆپرەك ئادەم بىلەن پەيزىۋات ناھىيىسىگە
ماشىمىڭنىڭ قىسمىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئەۋەتتى. خوتەن قوشۇنى ماشىمىڭ قىسمى
بىلەن تۇتۇشۇپلا مەغلۇپ بولدى، ماشىمىڭ قىسمى قاتمۇ ـ قات مۇداپىئەنى بۆسۈپ
ئۆتۈپ، قەشقەرگە كىرىدىغان يولنى ناھايىتى تېزلا ئاچتى. غوجىنىياز ماشىمىڭ
قىسمىغا پەرۋا قىلماي ئۆزىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىنى باشلاپ، ئاۋۋال ماشىمىڭ
قىسمىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يامانيا كەنتىدىكى بازىسىغا قارشى
مۇداپىئە تۈزدى، غوجىنىياز ماشىمىڭ قىسمى بىلەن يېرىم كۈن قاتتىق جەڭ
قىلدى، ئاخىرى دۈشمەنگە تەڭ كېلەلمەي قەشقەر كونىشەھەرگە چېكىندى، ماشىمىڭ
قىسمى يېڭىشەھەرگە كىرىپ ماجەنساڭنى قورشاۋدىن قۇتقۇزدى. ماشىمىڭنىڭ
يېڭىشەھەرگە كىرىشى بىلەن قەشقەر كونىشەھەر قالايمىقانلىشىپ كەتتى، سابىت
داموللا ۋە ئۇنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى كەينى ـ كەينىدىن شەھەرنى
تاشلاپ قېچىپ كەتتى. غوجىنىياز بىلەن مامۇت قوشۇنىنى باشلاپ يېڭىسارغا
چېكىندى. ئۇيغۇر قاتارلىق شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقى ۋەتەنپەرۋەرلىك
بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئارقا-ئارقىدىن قوزغىلىپ بۇ ئەكسىيەتچىل بۆلگۈنچى
ھاكىمىيەتكە قارشى تۇردى. 1934 ـ يىل 2 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى 88 كۈن مەۋجۇد
بولۇپ تۇرغان بۆلگۈنچى ھۆكۈمەت ــ "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى"
يىمىرىلىپ، تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە تاشلاندى. تارىخ شەپقەتسىرلىك بىلەن
شۇنى ئۇقتۇردىكى، شىنجاڭدا بۆلگۈنچلىك قىلىش كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ،
ئۇنىڭ ئاقىۋىتى جەزمەن ئېچىنىشلىق بولىدۇ.
"شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى"گۇمران بولغاندىن كېيىن سابىت
داموللا ئىگىسىز قالغان لالما ئىتتەك نەمۇ نە قاترىدى، يېڭىسارغا بارغاندا،
"خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى" قوشۇنىنىڭ كاتتىۋېشى نۇرمەھەممەت قوبۇل قىلمىدى،
ئۇ ئامالسىز قېلىپ، يېڭىسار، يەكەن ئەتراپىدا مۆكۈنۈپ يۈردى، غوجىنىياز
قوشۇنىنى باشلاپ قەشقەردىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، خوتەننىڭ كۈچى بىلەن
بىرلىشىپ، ماشىمىڭ قىسمىغا تاقابىل تۇرماقچى بولغانىدى، لېكىن جايلار ئاۋاز
قوشمىدى، پەيزاۋاتتا ماشىمىڭ قىسمى بىلەن يالغۇز جەڭ قىلىپ مەغلۇپ بولدى،
غوجىنىياز ئاتۇشقا چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇلۇغچات ئارقىلىق جۇڭگو-سوۋېت
ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئۆزىنى قايتىدىن ئوڭشىماقچى بولدى. چېگرا
ئېغىزىدا ئۇ سوۋېت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمەلدارى
ئۇنى ئەيىبلەپ: شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم تۈزگەن ئىدىڭىز، نېمىشقا
ۋەدىڭىزدە تۇرماي، ئەكسىچە قانۇنسىز "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام
جۇمھۇرىيىتى"دە ۋەزىپە ئۆتەيسىز؟ دېدى. غوجىنىياز ئۆزىنى ئاقلاپ: بۇ
ھۆكۈمەتنى مەن قۇرمىدىم، سابىت داموللىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىگە
قاتناشمىدىم دېدى. سوۋېت ئەمەلدارلىرى غوجانىيازنىڭ دېگەنلىرىنى دەلىللەش
ئۈچۈن، سابىت داموللا قاتارلىق قورچاق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى تۇتۇپ بەرسە
ئاندىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. غوجىنىياز ئۆركەشتامدىن ئايرىلىپ،
ئوپال ئارقىلىق يېڭىسارغا يېتىپ بېرىپ، مامۇت بىلەن كۆرۈشتى. كېيىن ئۇلار
زور كۈچ بىلەن سابىت داموللىلارنىڭ پېيىگە چۈشتى، ئۇنىڭ يەكەندە
ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. 1934-يىلى 4 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى غوجىنىياز
يەكەندە سابىت داموللا ۋە قورچاق ھۆكۈمەتنىڭ بىر قانچە مىنىستىرىنى قولغا
ئالدى. مۇھەممەت ئىمىن غوجىنىيازنىڭ قىلىقىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ،
ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، قوشۇننى باشلاپ خوتەنگە كەتتى. غوجىنىياز قوشۇنىنى
باشلاپ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيىسىگە كېلىپ، قورچاق ھۆكۈمەت
ئەمەلدارلىرىنى ماجۇڭيىڭغا قوغلاپ زەربە بېرىۋاتقان ئۆلكە ئارمىيىسىگە
تاپشۇرۇپ بەردى. سابىت داموللا ئۈرۈمچىگە يالاپ ئېلىپ كېتىلدى، كېيىن
تۈرمىدە ئۆلۈپ، ئۆزىنىڭ نومۇسسىز ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. غوجىنىياز سابىت
داموللىنى تۇتقاندىن كېيىن سوۋېتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. شىڭ شىسەي
ئەمدىلا جاڭ پېييۇەن، ماجۇڭيىڭنى مەغلۇپ قىلغاچقا، ھاكىمىيەتنى
مۇستەھكەملەشكە توغرا كېلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلى غوجىنىياز بىلەن
ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەنىدى. شۇڭا شىڭ شىسەي ۋاقتىنچە غوجىنىيازدىن
پايدىلىنىشنى قارار قىلىپ، غوجىنىيازنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن
رەئىسلىكىگە تەيىنلىدى، ئۇنىڭ قىسمىنى شىنجاڭ ئاتلىق ئەسكەرلەر 6-شىسى
قىلىپ ئۆزگەرتتى، مامۇتنى شىجاڭلىققا تەيىنلەپ، قەشقەردە تۇرغۇزدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۆلكە مەركىزى ــ ئۈرۈمچىنى قورشاپ تۇرغان ماجۇڭيىڭ قىسمى
شىڭ شىسەيگە ياردەم بېرىشكە كەلگەن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىدىن مەغلۇپ
بولغاندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراپ چېكىنىپ قەشقەرگە باردى. 1934-يىل
7-ئايدا رېن خەنشۇەن، ماجۇڭيىڭ قاتارلىقلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەردە
تۇرۇشلۇق كونسۇلى ئەۋەتكەن خادىملارنىڭ ھېمايىسىدە چېگرىدىن ئۆتۈپ سوۋېت
ئىتتىپاقىغا كەتتى، قالغان قىسىمغا ھەدىسىنىڭ يولدىشى ماخۇسەن قوماندانلىق
قىلىپ خوتەندە تۇردى. بۇ چاغدا خوتەندە يەنە بىر بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت
"ئىسلام پادىشاھلىقى" مەۋجۇد ئىدى. ماخۇسەن ئەسكەر باشلاپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ
بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بۇ بۆلگۈنچى ھاكىمىيەتنى يوقاتتى، بۇ
ھاكىمىيەتنىڭ باشلىقى، مىللىي بۆلگۈنچى مۇھەممەت ئىمىن چەت ئەلگە قېچىپ
كېتىپ، داۋاملىق شىنجاڭنى پارچىلاش بىلەن شۇغۇللاندى.
مامۇت، ماخۇسەن قارا نىيەت، يامان ئادەملەر ئىدى، ئۇلار پانئىسلامىزم،
پانتۈركىزمنى ياقلايتتى. شۇنداق بولغاچقا، شىنجاڭدا بۆلگۈچىلەر يەنىلا
مەۋجۇد ئىدى.
(5)
مامۇت، ما خۇسەن توپىلىڭىنى تىنچىتىپ، شىنجاڭنى پۈتۈنلەي بىرلىككە كەلتۈرۈش
1934-يىلى 8-ئايدا غوجىنىياز ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى
بولدى، قىسىمنى ئۆزىنىڭ يېقىنى مامۇتنىڭ باشچىلىقىدا قەشقەرنى مۇداپىئە
قىلىشقا قالدۇردى. مامۇت تۇرپان ئاستانىلىق چوڭ پومىشچىك ئىدى، ئەنگلىيىگە
يېقىنلىشىش، شىڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ سوۋېتقا يېقىنلىشىش سىياسىتىگە قارشى
تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلاتتى، ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىزم بىلەن
شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، كوممۇنىزم"دىنغا قارشى" دەپ قارايتتى. ئۇ شىنجاڭدا بىر
مۇستەقىل ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇشنى ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسى قىلغانىدى. شۇڭا
ئۇ ئۆزى قوللىغان "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى" گۇمران بولغاندىن
كېيىن، سابىت داموللىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، داۋاملىق قەشقەردە مىللىي
بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. ئۇ دىنىي ئەسەبىيلىكنى ھەدەپ قۇترىتىپ،
6-شى شتابىدا مەسچىت سالدۇرۇپ، ھەر قانداق ئەھۋالدا، ھەر قانداق ئادەم بەش
ۋاق ناماز ئوقۇشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىدى؛ ئۇ يەنە مەجبۇرى "ئۆشرە"، "زاكات"
يىغىپ، ئۇنى مەكتەپ ئېچىشقا ئىشلىتىپ، مىللەتچىلىكنى تەرغىب قىلىپ،
بۆلگۈنچى كۈچلەرنى يېتىشتۈردى؛ ئۇ دىننى قوغداش نامى بىلەن جۇڭگونى
پارچىلاش سەپسەتىلىرىنى كۈچەپ تەرغىب قىلىپ، قانداقتۇر "ئىسلام ئۇيغۇر
دۆلىتى" قۇرىمەن دەپ جار سالدى؛ ئۇ قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن يەنە مەخسۇس
پۇل ئاجرىتىپ بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىدىغان "يېڭى ھايات گېزىتى" گە زور
كۈچ بىلەن ياردەم بەردى، مۇشۇ گېزىت ئارقىلىق پانئىسلامىزم بىلەن
پانتۈركىزمنى تەرغىب قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك
ھەرىكىتىنى بىر مەھەل ئەۋج ئالدۇردى. مامۇتنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە زىيان
يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك ئېقىمغا قارشى ھەرىكەتلىرى شىڭ شىسەينىڭ قەشقەردىكى
ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت بولدى، شۇنىڭ بىلەن شىڭشىسەي مامۇتتىن ئىبارەت بۇ
بۆلگۈنچى كۈچكە بىر قاتار چەكلەش تەدبىرى قوللاندى ھەمدە بۇ كۈچنى
يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاشقا تەييارلاندى. ھەربىي جەھەتتە، 1934-يىلى
9-ئايدا شىڭ شىسەي سوۋېتلىق شاۋجياڭ ژېبراكىننى 6-شىغا قىسىمنى مەشىق
قىلدۇرۇشقا ئەۋەتتى، ژېبراكىننىڭ تەكلىپى بىلەن مامۇت ئۈچ ئوفىتسېرنى سوۋېت
ئىتتىپاقىغا تەربىيىلىنىشكە ئەۋەتتى، نەتىجىدە بۇ ئوفىتسېرلار سوۋېت
ئىتتىپاقىغا مايىل بولۇپ، مامۇتنىڭ قىسمىدىن ئون نەچچە ئوفىتسېرنى
ئۈرۈمچىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئېلىپ كېلىپ، كۆپ قېتىم قوبۇل قىلدى، ئۆزىگە
تارتتى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ "ئالتە بۈيۈك سىياسىتى" نى تەشۋىق قىلدى، بۇنىڭ
بىلەن بۇ ئوفىتسېرلار مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەتكە سادىق
بولىدىغانلىقىنى، شىنجاڭنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە
قوشىدىغانلىقىنى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. شۇنداق
قىلىپ مامۇتنىڭ پۈتۈن شىنى قۇترىتىپ ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشى، بۆلگۈنچىلىك
قىلىشى مۇمكىن بولماي قالدى. سىياسىي جەھەتتە، شىڭ شىسەي سوۋېت
كومپارتىيىسىنىڭ جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى ئەزاسى ۋاڭ باۋچيەننى (جاۋشى)
قەشقەرنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلىدى، قاۋۇل خادىملارنى قەشقەر ج خ ئىدارىسىنىڭ
باشلىقلىقىغا تەيىنلەپ، مامۇتنى نازارەت قىلدى، چەكلىدى. 1935-يىلى سوۋېت
كومپارتىيىسىنىڭ ئەزاسى مەنسۇرنىڭ تەكلىپى بىلەن ھۆكۈمەت "يېڭى ھايات
گېزىتى" نى ئۆتكۈزۈۋالدى، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى ئاشكارا تەرغىب قىلىدىغان
تىلنى يوقاتتى. بۇنىڭدىن باشقا شىڭ شىسەي يەنە قەشقەردە سوۋېت ئىتتىپاقىغا
مايىل زات غوپۇر داموللىنى يۆلەپ، ئۇنىڭ ئابرۇيىدىن پايدىلىنىپ مامۇتنىڭ
تەسىرىنى تۈگەتتى.
مامۇت شىڭشىسەينىڭ غەرىزىنى بارا- بارا سېزىپ قېلىپ، خاتىرجەمسىزلىنىشكە
باشلىدى. ئەينى چاغدا ئۇ تېخى شىڭ شىسەيگە ئاشكارا قارشى تۇرۇشقا
پېتىنالمايتتى، قوراللىق قارشىلىشىشقا ئاستىرىتتىن پائال تەييارلىق
كۆرۈۋاتاتتى. ئۇ قول ئاستىدىكى ھۆكۈمەتكە مايىل ئۇنسۇرلارنى تازىلىدى،
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىچكى جەھەتتە قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى
ئەكسىيەتچى دىنىي، فېئودال كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ، تاشقى جەھەتتە ئەنگلىيە،
ياپونىيە جاھانگىرلىكى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى. ئۇ
ئابدۇللا بەگ داموللا ئارقىلىق ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ بىر مۇنچە پۇلىنى
قوبۇل قىلدى. ئۇ ھەتتا ياپونىيىگە خۇپىيانە ئەلچى ئەۋەتىپ، ياپونىيىنىڭ
شىنجاڭغا ئەسكەر ئەۋەتىپ، "مۇستەقىل" بولۇشىغا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ
قىلماقچى بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ۋەتەن ساتقۇچلۇق ئەپتى ـ بەشىرىسىنى
تولۇق ئاشكارىلىدى، لېكىن ئۇنىڭ ياپۇنىيىنى پانا تارتىش غەرىزى ئەۋەتكەن
ئادىمىنىڭ يولدا توسۇلۇپ قېلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشمىدى. مامۇت بىلەن شىڭ
شىسەي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. 1936-يىلى 5-
ئايدا غوپۇر داموللا قەشقەردە مامۇت ئەۋەتكەن ئادەملەر تەرىپىدىن
ئۆلتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى. غۇپۇر داموللا
قەشقەردە يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە زات ئىدى. 1935- يىلى ئۇ 2- قېتىملىق
شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالتە بۈيۈك سىياسىتىنى
ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئالتۇن ئوردىنغا ئېرىشكەنىدى. قەشقەرگە
قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ مامۇت بىلەن قارشىلىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالتە
بۈيۈك سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى، ھەر مىللەت خەلقىنى ھۆكۈمەتكە سادىق
بولۇشقا چاقىردى، جاھانگىرلارنىڭ پىتنە-ئىغۋا ۋە سۇيقەستىنى پاش قىلدى. ئۇ
مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى مۇھىم بىلىپ، مامۇتنىڭ ياپون جاھانگىرلىكى بىلەن تىل
بىرىكتۈرۈشتىن ئىبارەت نومۇسسىز قىلمىشىغا قارشى تۇردى. غۇپۇرنىڭ ھەققانىي
ھەرىكىتى مامۇتقا ياقمىدى. 1936- يىلى 5- ئايدا شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى غۇپۇر
داموللىنىڭ ئۆمەك باشلىقى بولۇپ تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى باشلاپ، سوۋېت
ئىتتىپاقىغا ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتكە بېرىشىنى قارار قىلدى. مامۇت غۇپۇر
داموللا ئۆزىنى پۈتۈنلەي شىڭ شىسەيگە ئاتتى دەپ قاراپ، ئۇنىڭ مەۋجۇد بولۇپ
تۇرۇشىنى ئۆزىگە ئىنتايىن پايدىسىز ئىش دەپ قاراپ، غۇپۇر داموللا ئۈرۈمچىگە
مېڭىشقا تەمشىلىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنى يوشۇرۇن ئۆلتۈردى. مامۇت
شىڭ شىسەينىڭ ئۆزىگە پات ئارىدا قول سىلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، شىڭ
شىسەيگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى پىلانلاشنى تېزلەتتى، 1936-يىلىنىڭ
ئاخىرىدا، مامۇت توپىلاڭ كۆتۈرۈشىنى يەنە بىر قانچە قېتىم يوشۇرۇن
پىلانلىدى، لېكىن بۇنىڭغا ھۆكۈمەتكە مايىل بەزى ئوفىتسېرلار قارشى تۇردى
ھەمدە مامۇتنىڭ سۇيقەستىنى ھۆكۈمەتكە دوكلات قىلدى.
1937-يىلىنىڭ بېشىدا شىڭ شىسەي ئۆلكىلىك 3- قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيى
ئېچىشنى باھانە قىلىپ، مامۇتنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىپ يوقاتماقچى بولدى،
مامۇت بۇ سەپەرنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، ئۇ بىر
تەرەپتىن، يالغاندىن ئۈرۈمچىگە بارماقچىمەن دەپ يۈردى، يەنە بىر تەرەپتىن،
توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلاندى، ئىش ئەپلەشمەي قالسا، چەت ئەلگە قېچىپ
كەتمەكچى بولدى.
1937- يىل 4- ئاينىڭ 2- كۈنى سەھەردە مامۇت ئاقتۇغا ئوۋغا بېرىشنى باھانە
قىلىپ، 6-شى شتابى تۇرۇشلۇق جايدىن تۇيدۇرماي چىقىپ يېڭىسارغا باردى،
ناھىيىلىك ھۆكۈمەت، باج ئىدارىسى قاتارلىق جايلاردىكى پۇل، ماللارنى
بۇلىغاندىن كېيىن يەكەنگە قاراپ يولغا چىقتى. يەكەندە ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ
يېقىن ئادىمى، 4- تۇەننىڭ مۇئاۋىن تۇەنجاڭى بورسوق نىيازنى تۈەنجاڭ سايىم،
ھاكىم ئەخمەتجاننى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇدى، يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت، باج
ئىدارىسى، بانكىدىكى پۇل، ئالتۇنلارنى، شۇنىڭدەك خەلقنىڭ مال ـ مۈلكى،
ئاتلىرىنى بۇلىدى، ناھىيە بازىرىدىكى خەنزۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك
ئۆلتۈردى. ئۇ يەكەننى بازار قىلىپ، ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ياردىمىنى
قوبۇل قىلىپ، قەشقەر كونىشەھەر، يېڭىشەھەرگە قايتا ھۇجۇم قىلىپ، "ئىسلام
ئۇيغۇر مۇستەقىل دۆلىتى" قۇرۇش خام خىيالىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.
لېكىن بۆلگۈنچىلىك كىشىلەر كۆڭلىگە ياقمىدى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ
قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، ئەسكەرلەرمۇ ئۇنىڭغا جېنىنى سېلىپ بېرىشكە ئۇنىمىدى،
ئۇنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش سۇيىقەستى تېزدىن ۋەيران بولدى، تاغلاردىن ئۆتۈپ،
لاداق، كەشمىر ئارقىلىق ھىندىستانغا قاچتى. 1939-يىلى 12- ئايدا ئۇ يەنە
ھىندىستاندىن ياپونىيىگە بېرىپ، ياپون جاھانگىرلىكىدىن پاناھلىق تىلىدى،
توكيودا "شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسى" قۇرۇپ،
ئۆزى رەئىس بولۇپ، داۋاملىق ۋەتەننى پارچىلاش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللاندى.
1944-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بېيجىڭدا ئۆلدى.
مامۇت قوشۇن تارتىپ توپىلاڭ كۆتۈرگەندە، شىڭ شىسەي ماخۇسەننى قەشقەردىكى
ئۆلكە ئارمىيىسىگە ماسلىشىپ مامۇت توپىلىڭىنى باستۇرۇشقا بۇيرۇدى. ماخۇسەن
بىر قارا نىيەت ئىدى، ئۇ "ئاسىيلارغا ھەرگىز ئەگەشمەيدىغانلىقىنى"، "ئۇنى
پۈتۈنلەي يوقىتىدىغانلىقىنى" ئاشكارا بىلدۈرۈپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە مامۇتنىڭ
قول ئاستىدىكى ئابدۇللا نىياز بىلەن خۇپىيانە تىل بىرىكتۈرۈپ، بىرلىكتە
قەشقەرگە ھۇجۇم قىلدى. ماخوسەن قەشقەر كونىشەھەرنى ئىگىلەپ، يېڭىشەھەرنى
قورشىۋېلىپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ئاشكارا قارشى تۇردى. ماخوسەن ئۆز كۈچىگە
تايىنىپ ئابدۇللا نىياز بىلەن بىرلىكتە ناھايىتى تېزلا پەيزىۋات، بارچۇق،
مەكىت، ئۇچتۇرپاننى ئىگىلىدى ھەمدە ئاقسۇغا قىستاپ كېلىپ، شىڭ شىسەي
ھۆكۈمرانلىقىغا ناھايىتى چوڭ تەھدىت پەيدا قىلدى، ماخوسەننىڭ سۇيقەستى
ئەمەلگە ئاشسا، مامۇت قايتىپ كېلەتتى، "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام
جۇمھۇرىيىتى" تىرىلەتتى. شۇڭا ماخوسەن توپىلىڭىنى تىنچىتىش كېرەكىدى. شىڭ
شىسەي ئىشقا سېلىشقا بولىدىغان ئۆلكە ئارمىيىسىنىڭ بارلىقىنى يۆتكىدى،
ھەتتا ھەربىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ جەنۇبىي شىنجاڭغا ئاتلىنىپ ئۇرۇشقا
قاتناشتى. كەسكىن جەڭدە ئىككى تەرەپتىن كۆپ ئادەم ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى،
جەڭ قىل ئۈستىدە قالدى، ئۆلكە ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرى كۈچى يېتىشمىدى، شىڭ
شىسەي ئامالسىز سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەسكەر چىقىرىپ ياردەم بېرىشىنى تەلەپ
قىلدى. 1937-يىلى 9-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى ماشىنىلاشقان قىسىمنىڭ بىر
تۇەنىنى ئەۋەتتى، ئۇلار 40 ئايروپىلان، 20 تانكىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا
تورغات تاغ ئېغىزىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا كىرىپ، ماخوسەننىڭ 36-شىسىغا
قاخشاتقۇچ زەربە بەردى. 10-ئايدا ماخوسەن بىر مۇنچە ئالتۇننى ئېلىپ، ئاز
ساندىكى يېقىنلىرىنى باشلاپ ھىندىستانغا قېچىپ كەتتى، ماخوسەن توپىلىڭى
تىنچىتىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىنجاڭدىكى دائىرە كۈچلىرى ئاساسىي
جەھەتتىن يوقىتىلدى، شىنجاڭ پۈتۈنلەي بىرلىككە كەلتۈرۈلدى.
3.
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مىللىي
بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى
شېڭ
شىسەي شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەسلەپكى مەزگىلىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى
بىلەن يېقىنلىشىپ، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىپ، تەرەققىيپەرۋەر ئاساسىدىكى
"جاھانگىرلارغا قارىشى تۇرۇش، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىنلىشىش، مىللەتلەر
باراۋەر بولۇش، پاك بولۇش، تىنچ ئۆتۈش، گۈللەندۈرۈش"تىن ئىبارەت مۇقىم
بولدى، ئىقتىساد تەرەققىي قىلدى، مىللەتلەر بىر قەدەر ئىناق ئۆتتى، شىنجاڭ
ئىككىنچى يەنئەن دەپ ئاتىلىپ، غايىلىك زاتلار ئىنتىلىدىغان جايغا ئايلاندى،
لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، شىڭ شىسەي مىللىتارىستلىق ئەپتىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ
"ئالتە بۈيۈك سىياسەت" نىڭ ئورنىغا ئەكسىيەتچىل مۇستەبىتلىك، تېررورلۇق
سىياسىتىنى دەسسىتىپ، كۆپ قېتىم ئاتالمىش "سۇيىقەست پىلانلاش، توپىلاڭ
كۆتۈرۈش دېلوسى"نى پەيدا قىلىپ، ھەر مىللەت تەرەققىيپەرۋەر زاتلار ۋە جۇڭگو
كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شىنجاڭدىكى خادىملىرىغا زەربە بەردى ۋە
زىيانكەشلىك قىلدى. مىللىي مەسىلە جەھەتتە، شېڭ شىسەي دەسلەپكى مەزگىلىدە
يولغا قويۇلغان "مىللەتلەر باراۋەر"دېگەن سىياسەتنى بىكار قىلىپ دەھشەتلىك
مىللىي زۇلۇم سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە
بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى
باستۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا رەھىمسىزلىك بىلەن زىيانكەشلىك قىلدى.
ئاز سانلىق مىللەتلەر بولۇپمۇ تەرەققىيپەرۋەر زىيالىيلار سىياسىي
زىيانكەشلىككە چىداپ تۇرالماي، پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، يەر ئاستى
تەشكىلاتلارنى مەخپىي قۇرۇپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، شېڭ شىسەينىڭ
ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە،
ۋەتەننى پارچىلاش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان مىللىي
بۆلگۈنچى كۈچلەر خەلقنىڭ شېڭ شىسەيگە قارشى تۇرۇش ھېسسياتىدىن پايدىلىنىپ،
ھەدەپ خەلقنى ئازدۇرۇپ ۋە قۇترىتىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ
چىقىشقا ئۇرۇندى. 1944-يىلى 8-ئايدا شېڭ شىسەي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ
دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەندى.
ۋۇجۇڭشىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئولتۇردى، ئۇنىڭغا ئۇلاپلا، شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمال
قىسمىدىكى ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ئۈچ ۋىلايىتىدە ئاز سانلىق
مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتى پارتلىدى، بۇ تارىختا "ئۈچ ۋىلايەت
ئىنقىلابىي" دەپ ئاتالدى.
(1)
مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، بۆلگۈنچىلىك
ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى
شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي پرولېتارىيات پارتىيىسىنىڭ بىۋاسىتە
رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلمىغاچقا، دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۇنىڭ رەھبەرلىك
ھوقۇقى فېئودال كۈچلەر، يۇقىرى قاتلامدىكى دىنىي زاتلار ۋە مىللىي بۆلگۈنچى
كۈچلەرنىڭ قولىدا ئىدى، شۇڭا گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى
تۇرۇش، مىللىي ئازادلىققا ئىنتىلىش داۋامىدا ئېغىر مىللىي بۆلگۈنچىلىك
خاتالىقى يۈز بەردى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئەڭ
يۇقىرى رەھبىرى ئەلىخان تۆرە ئۇچىغا چىققان پانئىسلامىزمچى، پانتۈركىزمچى
ئىدى. ئۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېكىستاندىن بولۇپ، دىندار ئائىلىدە
دۇنياغا كەلگەن. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئەكسىيەتچىل پانئىسلامىزم،
پانتۈركىزم ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلغانلىقتىن، 1924-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى
ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، ئۇ كېيىن شىنجاڭغا كېلىپ، تېۋىپلىق
قىلىش، دىننى تەشۋىق قىلىش نامى بىلەن مۇسۇلمان ئاممىسى ئارىسىدا مىللىي
بۆلگۈنچىلىكنى تەشۋىق قىلغان. ئەلىخان تۆرە قاتارلىق مىللىي بۆلگۈنچى
ئۇنسۇرلارنىڭ ھەدەپ قۇترىتىشى ئارقىسىدا، قىسمەن ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى
ئارىسىدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك كەيپىياتى ئېغىر دەرىجىدە
يامراپ كەتتى.
1944-يىل 11-ئاينىڭ 7-كۈنى غۇلجىدا قوزغىلاڭ پارتلىدى، 12-كۈنى قوزغىلاڭ
كۆتۈرگەن ئامما شەھەر رايونىنى ئىگىلىدى، شۇ كۈنى "شەرقىي تۈركىستان
جۇمھۇرىيىتى" ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى، ئەلىخان تۆرە
ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولدى."ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت"نىڭ ئەزالىرى ۋە ھەر
قايسى تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى ئىچىدە چوڭ چارۋىدارلار، چوڭ پومېشچىكلار،
يۇقىرى قاتلامدىكى دىنىي زاتلار قاتارلىق فېئودال كۈچلەر مۇتلەق كۆپ ساننى
ئىگىلىدى، تەرەققىيپەرۋەر زاتلار ناھايىتى ئاز ئىدى. 1945-يىلى 12-ئايدا،
ئۈچ ۋىلايەت غۇلجىدا ھەر مىللەت خەلقى ۋەكىللەر يىغىنى ئېچىپ، "شەرقىي
تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" ھۆكۈمىتىنى رەسمىي قۇردى. ئەلىخان تۆرە چوڭ ھوقۇقنى
چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، جاھانغا پاتماي قالدى. ئۇ يىغىلىشلاردا ئاممىغا
كۆپ قېتىم نۇتۇق سۆزلەپ "بىزنىڭ دىنىمىز ئىسلام دىنى، بىزنىڭ ۋەتىنىمىز
شەرقىي تۈركىستان"دېدى. ئۇ يەنە جېنىنىڭ بارىچە خەنزۇلارغا قارىشى تۇرۇش،
مۇستەقىللىق يولىدا "غازات" قىلىشنى تەرغىب قىلىپ، "ئۆلمىسەك غازى، ئۆلسەك
شېھىت بولىمىز"، "شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ۋەتىنىمىز، بىزنىڭ پاك
زېمىنىمىزدا خىتايلارغا (خەنزۇلارنى كۆرسىتىدۇ) ئورۇن يوق، ئۇلارنىڭ زېمىنى
ئۈچ مىڭ 500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ نېرىسىدا"، مەن
"يەتتە مىليون نوپۇسقا ئىگە دۆلەتنىڭ رەھبىرى"، "خىتايلار شىنجاڭدىن
يوقالسۇن، يول خىراجىتىنى مەن بېرىمەن"دەپ جار سالدى. بۇ ئەكسىيەتچىل
داۋاراڭلارنىڭ تەسىرى ناھايىتى يامان بولدى، ئۇنىڭ قۇترىتىشى ئارقىسىدا،
بەزى جايلاردا ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى، خەنزۇ ئاممىنى ئۆلتۈرۈش، خەنزۇ
ئاياللىرىنى ھاقارەتلەش، خەنزۇ ئاممىنىڭ مال ـ مۈلكىنى بۇلاش ۋەقەلىرى يۈز
بەردى. بىگۇناھ خەنزۇ ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلكى ئېغىر دەرىجىدە
زىيانغا ئۇچرىدى.
(2)
تەرەققىيپەرۋەر زاتلارنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قارشى كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ
بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشى
ئۈچ
ۋىلايەتتىكى تەرەققىيپەرۋەر زاتلارنىڭ كۆپ قىسمى جۇڭگو كوممۇنىستىك
پارتىيىسى ۋە ئىتتىپاقىنىڭ تەربىيىسىنى ئالغان بولۇپ، نەزەر دائىرىسى كەڭ،
مەلۇم ماركسىزملىق ساپاغا ئىگە كىشىلەر ئىدى، ئۇلار مىللەتلەر مەسىلىسىگە
ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا مۇئامىلە قىلاتتى. لېكىن ئەينى
ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ كۈچى ناھايىتى ئاجىز ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمى ئۈچ ۋىلايەت
ئىنقىلابىدىن خۇلاسە چىقارغاندا: "بىزنىڭ مىللىي ھەرىكىتىمىزدىكى ئاساسلىق
ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دېھقانلار، لېكىن ئۇلار تامامەن فېئودال كۈچلەر ۋە
دىنىي كۈچلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرۇۋاتىدۇ" دېگەنىدى. تەرەققىيپەرۋەر
زىيالىيلار ھەرىكەتتە يېتەكچىلىك ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىدى، ھەرىكەتنىڭ
تەرەققىيات يۆنىلىشنى كونترول قىلالمىدى. لېكىن ئۇلار ئەڭ زور تىرىشچانلىق
كۆرسىتىپ خەنزۇ خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلكىنى قوغدىدى.
ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىق تەرەققىيپەرۋەر
زىيالىيلارنىڭ ئارىلىشىشى ئارقىسىدا، ھەربىي قوماندانلىق شتابى بۇلاڭچىلىق
ۋە پاشىۋازلىق قىلغۇچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى جاكارلىدى. 1945- يىل
1-ئاينىڭ 1-كۈنى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت پەۋقۇلئاددە ھەربىي سوتى كۈرەنى ھۇجۇم
بىلەن ئالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن بىگۇناھ خەنزۇ ئاممىسىنى ئۆلتۈرگەن
لاپۇساڭغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى. شۇ ۋاقىتتا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى
ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرلىقىنى ئۆتەۋاتقان ئابدۇكېرىم ئابباسوف ئىچكى
ئىشلار نازارىتىدىكى خادىملارنى بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى تېزدىن
توسۇشقا بۇيرۇدى ھەمدە ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ نامىدا غۇلجا، قورغاس،
چىڭسىخوزا، لوسىگۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى خەنزۇ ئاممىلىرىغا قوغدىنىش
گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى، ئۇ يەنە جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمغا قارىماي،
ئۆزى بىۋاسىتە بەزى خەنزۇ ئاممىسىنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ قوغدىدى ھەمدە
بەزى خەنزۇ ئاممىسىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ قويدۇرۇۋەتكەن، ئابدۇكېرىم ئابباسوف
ناھايىتى ئاز ساندىكى خەنزۇ ئاممىسىنى قوغداپ قالالىغان بولسىمۇ، لېكىن
ئۇنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە
ۋەكىللىك قىلدى، ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ھەققانىي ھەرىكىتى مىللىي بۆلگۈنچى
ئۇنسۇرلىرىنىڭ زىتىغا تەككەنلىكتىن، ئۇ ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ
نازىرلىقىدىن قالدۇرۇلۇپ، مىللىي ئارمىيە سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىغا
تەيىنلەندى. 1945-يىل 5-ئايدا، "ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت" خەنزۇ ئاممىسىنى قوغداش
ئۈچۈن، ئۇلارنى ھەرقايسى ناھىيىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە يىغدى،
شەرقتىكى بەش ناھىيىدىكى 1000 دىن ئارتۇق خەنزۇ ئاممىسىنى چاپچال
ناھىيىسىگە، غەربتىكى تۆت ناھىيىدىكى 2000 دىن ئارتۇق خەنزۇ ئاممىسىنى
كۈرەگە يىغدى. 9-ئايدا "ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت" سۈيدۇڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە
تەستىق يوليۇرۇقى بېرىپ، كۈرەگە كۆچۈپ كەتمىگەن، ھېلىھەم لوسۇگۇڭدا
ئولتۇرۇشلۇق 57 خەنزۇ ئائىلىسىنىڭ چارۋىسى، مال ـ مۈلكى ۋە ئاشلىقىنى
مۇسادىرە قىلماسلىقنى قارار قىلدى.
ئالتايدا بىر مەھەل خەنزۇ خەلقىنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشىغا سېلىش، خەنزۇ
پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئىشلىرى يۈز بەردى. بۇنىڭغا
قارىتا 1945-يىل 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسى دەلىلقان
سۇگۇربايوف ئىمزا قويغان 23-نومۇرلۇق "خەنزۇ ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش
توغرىسىدىكى قارار"نى ئېلان قىلدى:
(1) ئورگان، قىسىم ياكى شەخسلەرنىڭ خەنزۇ ئاممىسىنى ئۆزىنىڭ ئەمگىكىگە
سېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
(2) خەنزۇ پۇقرالارنى خالىغانچە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەھۋالى
بايقالسا، كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرز يەتكۈزدى دەپ قارىلىپ،
جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
(3) ناھىيىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆز ناھىيىسىدىكى خەنزۇلارنىڭ سانىنى
ستاتىستىكا قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
(4) ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا ھۆكۈمەت مۇۋاپىق ۋاقىتتا خەنزۇ پۇقرالارنى
ئەمگەككە سېلىشقا ھوقۇقلۇق. لېكىن، ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئەمگەك
ھەقىقىي بېرىشى كېرەك.
(5) ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئورگانلارنىڭ خەنزۇلارنىڭ مال ـ مۈلكىنى
ئۆز مەيلىچە مۇسادىرە قىلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر خەنزۇلار
ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك مال-مۈلۈكنى يەنىلا ئىگىلەپ تۇرغان بولسا،
سوت قارار قىلغاندىن كېيىن مۇسادىرە قىلىشقا بولىدۇ.
(6) مەزكۇر قارارنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشقا ۋىلايەتلىك
ئىچكى ئىشلار باشقارمىسى بىلەن سوت مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ. بىر قىسىم
تەرەققىيپەرۋەر زىيالىيلار خەنزۇ ئاممىسىنى تىرىشىپ قوغدىغاندىن سىرت، بەزى
ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتكە كېلىپ خەنزۇ
پۇقرالىرىنى قوغدىدى. ئۇلار ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى
تۈپتىن يوقىتالمىسىمۇ، ئەمما مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ زىيىنىنى مەلۇم
دەرىجىدە يەڭگىللەتتى، لېكىن ئۇلار قانداقلا بولمىسۇن مىللىي بۆلگۈنچىلىككە
قارىشى تۇرۇش كۈرىشىدە قىممەتلىك بىر قەدەمنى باستى.
1945-يىل 9-ئاينىڭ باشلىرىدا، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى ئۈرۈمچىگە
150كىلومېترلا كېلىدىغان ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا قاراپ يۈرۈش
قىلدى، گومىنداڭ تېزدىن زور قوشۇننى شەرقىي قىرغاقنى قوغداشقا ئەۋەتتى،
ئىككى تەرەپ دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدا تىركىشىپ تۇرۇپ قالدى. سوۋېت
ئىتتىپاقىنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا، ئۈچ ۋىلايەت بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى
تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، تىنچلىق بېتىم ئىمزالىدى. بېتىمدىكى
بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە
تۈرلۈك دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىك بەردى، ئۈچ ۋىلايەت "شەرقىي
تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى"نى بىكار قىلىپ، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى
ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. 1946-يىل 7-ئاينىڭ1-كۈنى ئۆلكىلىك بىرلەشمە
ھۆكۈمەت رەسمىي قۇرۇلدى. ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇش ئالدىدا،
تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قارىشى تۇرىدىغان، بۆلگۈنچىلىك، مۇستەقىللىقتا
چىڭ تۇرىدىغان ئەلىخان تۆرە قاتارلىق كىشىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىغا
قايتۇرۇلدى. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق تەرەققىيپەرۋەرلەر ئۈچ ۋىلايەتنىڭ
رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا ئالدى.
ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ، ئەلىخان تۆرە
قاتارلىقلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى ۋە خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇش،
خەنزۇلارنى چەتكە قېقىش ئەھۋاللىرى يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە ساقلاندى،
بولۇپمۇ 1947-يىل 8-ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت پارچىلانغاندىن كېيىن، بۇنداق
ئىدىيە قايتىدىن يامراشقا باشلىدى. ئۈچ ۋىلايەتتىكى تەرەققىيپەرۋەر زاتلار
ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئۈچ ۋىلايەت
ئىنقىلابىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش
ئۈچۈن، دەسلەپكى مەزگىللەردىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، تار مىللەتچىلىك
جەھەتتىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە باشلىدى ھەمدە بۇنىڭغا قارشى قەتئىي
كۈرەش ئېلىپ باردى.
1946-يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئەخمەتجان قاسىمى ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت
ئەزالىرى سۆھبەت يىغىنىدا:"شەرقىي تۈركىستان بىر جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ،
ئۇنى سىياسىي پائالىيەت نەزەرىيىسى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنى كىمكى
سىياسىي پائالىيەت نەزەرىيىسى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنى كىمكى
سىياسىي پائالىيەت نەزەرىيىسى قىلىۋالسا، ئۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ دۈشمىنى
يەنى پۈتۈن ئۆلكە خەلقىنىڭ دۈشمىنى"، "شىنجاڭ جۇڭگونىڭ بىر تەركىبىي قىسمى،
ئۈچ ۋىلايەت شىنجاڭنىڭ تەركىبىي قىسمى،... جۇڭگو بىزنىڭ ۋەتىنىمىز، بىزنىڭ
ئانا يۇرتىمىز، بىزنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنىمىز ئازادلىق، ئەركىنلىك ۋە
باراۋەرلىك" دەپ كۆرسەتتى. بۇ سۆز ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئۈچ
ۋىلايەتتىكى تەرەققىيپەرۋەر زاتلارنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش مەيدانىنى
شۇنداقلا ئۇلار رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ كۈرەش
يۆنىلىشىنى نامايان قىلدى. 1947-يىل 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى
ئۆلكىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسى ئۆتكۈزگەن ئاممىۋى
يىغىندا بەزى كىشىلەرنىڭ داۋاملىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى
كۆتۈرۈپ، "مۇستەقىللىق"تەلەپ قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۆلگۈنچىلىك قىلىش
مەسىلىسىگە قارىتا كەسكىن قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: "بىز مىللىي
قۇرۇلتايدا() شىنجاڭدا مىللەتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشى كېرەكلىكىنى
ئوتتۇرىغا قويدۇق، لېكىن بۇ مۇستەقىل بولۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ.
بىزنىڭ موھتاج بولۇۋاتقىنىمىز مىللەتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشى، بۇ
ھەرگىز بىر مىللەت بىلەن چەكلەنمەيدۇ... ئۇ يەنىلا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر
قايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشى ئاساسىدىكى مىللەتنىڭ ئۆزىنى
ئۆزى ئىدارە قىلىشى بولۇپ، بۇنىڭدا دېموكراتىك سىياسىنى يولغا قويۇش
مەقسىتىگە يېتىش كۆزدە تۇتۇلغان. ئومۇمەن مىللەتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە
قىلىشى پەقەت بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىل، ئەركىن بولۇشى، دەپ قارىلىدىكەن،
بۇنداق قارىغان ئادەملەرنىڭ ئىدىيىسى بەك خاتا بولغان بولىدۇ". ئۇ يەنە،
ئېنىق ۋە كەسكىن قىلىپ مۇنداق دېدى: "تىنچلىق بېتىم" ئىمزالانغاندىن كېيىن
‹شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى› ھۆكۈمىتى ئۆز ئىززىتىنى ساقلاپ تارقىلىپ
كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى... باشقا ۋىلايەتلەرگە ئوخشاش، بۇنىڭغا يەنىلا
ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىدىغان بولدى... ئەگەر بۈگۈنكى كۈنگە
كەلگەندە بەزىلەر يەنىلا ‹شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى›نى تەرغىب
قىلىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇ "تىنچلىق بېتىم"غا قارشى تۇرغان بولىدۇ. "خەلقىمىز
بۈگۈنكى كۈندە قانداقتۇر ‹شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى› قۇرماقچى
ئەمەس، شۇنداقلا ‹تىنچلىق بىتىم› نىڭ يولىغا قويۇلۇشىغا كاشىلا
تۇغدۇرۇشقىمۇ ھەرگىز يول قويمايدۇ." ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئوبيېكتى
مەسىلىسى توغرىسىدا ئەخمەتجان قاسىمى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: "شۇنى بىلىش
كېرەككى، مىللىتىمىزنىڭ دۈشمىنى خەنزۇلار ئەمەس، بەلكى ئىلگىرىكى مۇستەبىت
تۈزۈم شارائىتىدىكى خەنزۇ چىرىك ئەمەلدارلار. بىز بۇ ئىككىسىنىڭ چېگرىسىنى
ئېنىق ئايرىمىساق، ھەتتا خاتا ھالدا خەنزۇلارنى دۈشمىنىمىز دەپ قارىساق
بولمايدۇ." ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: "بىزنىڭ بۇ قېتىمقى مىللىي
ئازادلىق ھەرىكىتىمىز قايسى بىر مىللەتكە قارىتىلغان ھەرىكەت ئەمەس، بۇ
قېتىمقى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئۆلكىمىزدە ھەقىقىي مىللىي باراۋەرلىكنى
ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھەرىكەت، مۇستەبىت ھاكىمىيەت بىلەن
چېتىشلىقى بولمىغان خەنزۇلار كۈتمىگەن يەردىن ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى
مەزگىلىدە زەربىگە ئۇچرىدى. گەرچە بۇ بەزىبىر ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ
قىلمىشى بولسىمۇ، لېكىن بىز بۇنداق ئىشنىڭ بولغانلىقىنى ئىنكار
قىلمايمىز... بىزنىڭ دۈشمىنىمىز خەنزۇلار ئەمەس، بەلكى مۇستەبىت
ھاكىمىيەتنىڭ ھىمايىچىلىرى ۋە خەلق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغان جاھىللار ۋە
ئۇنىڭ ھامىيلىرى" بۇنىڭدا خەنزۇلارنى چەتكە قېقىش، خەنزۇلارغا قارشى
تۇرۇشتەك بارلىق خاتا ئىدىيىلەر ناھايىتى روشەن تەنقىدلەندى. ئاخىرىدا،
ئەخمەتجان قاسىمى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە شۇنى ئۇقتۇردىكى:
"خەلقىمىز شۇنى چۈشىنىشى لازىمكى، بۈگۈنكى كۈندە بىز خەنزۇلارغا ۋە
دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە قارىشى تۇرۇۋاتقىنىمىز يوق، ئەگەر بەزىلەر خەنزۇلارغا
ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە قارىشى تۇرىدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇ "تىنچلىق بېتىم"غا ۋە
"سىياسىي ئىشلارنى يولغا قۇيۇش پروگراممىسى"غا قارشى تۇرغان بولىدۇ، ئۇ
بىزنىڭ دوستىمىز ئەمەس. شۇڭا، "تىنچلىق بېتىم" دىن باشقا ھەر قانداق
ھەرىكەتنى قەتئىي قوللىمايمىز".
ئۈچ
ۋىلايەت ئىنقىلابى رەھبەرلىرى "مۇستەقىللىق"نى ئېنىق ئىنكار قىلىش بىلەن
بىرگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا مىللەتلەر
باراۋەرلىكى ۋە دېموكراتىيە، ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ئىنقىلابى
يۆنىلىشنى مۇئەييەنلەشتۈردى، بۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش،
ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئىدىيىۋى نەزەرىيە ئاساسىي بولدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۈچ ۋىلايەت بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مىللىي
بۆلگۈنچىلىكنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىدى. 1947-يىل
11-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسى 80-نومۇرلۇق بۇيرۇق چىقىرىپ،
ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسىدىكى ھەر قايسى تارماقلار، ناھىيىلەرنىڭ ۋىۋىسكا،
تامغا، ھۆججەتلىرى، ناملىرىدا شەرقىي تۈركىستان دېگەن سۆزىنى بىردەك
چىقىرىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى. 1948-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان شىنجاڭ
تىنچلىقنى قوغداش خەلقچىل ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستان دېگەن سۆزنى
ئىشلەتمەي، شىنجاڭ دېگەن نامنى ئىشلەتتى. ئەخمەتجان قاسىمى بۇنى چۈشەندۈرۈپ
مۇنداق دېدى: "سۆز ئەركىنلىكى بولۇش روھى بويىچە ئۆلكىمىزنىڭ جۇغراپىيىلىك
نامىنى خالىغانچە ئاتاشقا بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي جەھەتتە، تەرتىپ جەھەتتە
ئۇنى شىنجاڭ دەپ ئاتاش كېرەك، بۇ ھەقتە شىنجاڭ تىنچلىقنى قوغداش خەلقچىل
ئىتتىپاقى قۇرۇش يىغىنىدا مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىلدى."() بۇ ئۈچ
ۋىلايەتنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
ئۈچ
ۋىلايەت ئىنقىلابى رەھبەرلىرى مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، ئۈچ
ۋىلايەتتىكى كادىر، ئاممىنى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئاڭلىق ھالدا قوغداشقا
يېتەكلەش ئۈچۈن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي بىلەن پۈتكۈل جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ
مۇناسىۋىتىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىستىقبالى بىلەن پۈتكۈل
جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ مۇناسىۋىتىنى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن
چۈشەندۈرۈش كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى. شۇڭا، ئۈچ ۋىلايەت بۇ جەھەتتىكى
تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، نەزەرىيە جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. جۇڭگو
خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 1947-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ ئىستراتېگىيىلىك
ھۇجۇمغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئۈچ ۋىلايەتتىكى گېزىت ـ ژۇرناللاردا ئىچكىرى
ئۆلكىدىكى جۇڭگو خەلقى ئازادلىق ئۇرۇشتا ئۇدا غەلىبە قىلىۋاتقانلىقى خەۋەر
قىلىندى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ
يۈزلىنىشى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە تېخىمۇ
يېقىندىن دىققەت قىلدى. 1949-يىلى 5-ئايدا، ئابدۇكېرىم ئابباسوف شىنجاڭ
تىنچلىقنى قوغداش خەلقچىل ئىتتىپاقى ئاكتىپلىرى يىغىنىدا بەرگەن "نۆۋەتتىكى
سىياسىي ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلىرىمىز" دېگەن دوكلاتىدا، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى
بىلەن جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ مۇناسىۋىتىنى مەخسۇس بايان قىلىپ، مۇنداق
كۆرسەتتى: "بىزنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمىز باشقا ئالاھىدىلىكلىرى ۋە
ۋەزىپىسى جەھەتتە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىغا ئوخشاش بولۇپلا قالماستىن،
بەلكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ غەلىبە قىلىشى ياكى جۇڭگودىكى مىللىي
مەسىلىنىڭ ئۈزۈل ـ كېسىل ۋە توغرا ھەل قىلىنىشى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق"، "شىنجاڭدىكى يەرلىك
مىللەتلەر جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىنىڭ ياردىمى ئاستىدىلا تېز سۈرئەت بىلەن ئۆز
مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. شۈبھىسىزكى، جۇڭگو خەلق ئىنقىلابى غەلىبىگە ئېرىشكەن
ئەھۋال ئاستىدىلا، شىنجاڭ خەلقى ئاندىن ئازادلىققا ئېرىشەلەيدۇ"،
شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى ئاندىن ئۈزۈل ـ كېسىل ۋە توغرا ھەل قىلىدۇ،
شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ئاندىن پارلاق بولىدۇ" ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ
بۇ بايانلىرى كەڭ كادىر، ئاممىغا چوڭقۇر تەربىيە بولدى، كەڭ كادىر،
ئاممىنىڭ ئۈچ ۋىلايەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئىچكىرىدىكى ھەر مىللەت
خەلقىنىڭ مەنپەئەتى مۇناسىۋەتلىك دەيدىغان قارىشى كۈچەيتىلدى، جۇڭگو
ئىنقىلابى ئومۇمىيلىق، شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قىسمەنلىك دەيدىغان
تونۇشى ئۆستۈرۈلدى.
(3)
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مىللىي مەسىلە جەھەتتە
كۆرۈلگەن خاتالىقلار ئۈستىدە ئويلىنىپ ۋە ئۇنى تۈزىتىپ، توغرا مىللەت
قارىشى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىغا تەربىيە بېرىلدى
1946-يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئەخمەتجان قاسىمى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ
ۋالىيسى باسباي چولاقباي قاتارلىق كىشىلەرگە يازغان خېتىدە مۇنداق
كۆرسەتتى:"خەلق دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىگە شۇ جاي دائىرىسىدە ياشاپ تۇرغان
خەلقنىڭ ھەممىسى كىرىشى كېرەك، شۇڭا خەنزۇ خەلقىمۇ شۇ جۈملىگە كىرىدۇ...
خەلقىمىزدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشنى تۈزەش لازىم. خەلقىمىزنىڭ بۇرۇندىن
ئېزىلىپ كېلىشىگە خەنزۇ خەلقى ئەيىبلىك ئەمەس، بۇنىڭدا خەنزۇ ئىستىبداتلىرى
ئەيىبلىك... شۇنىڭ ئۈچۈن سىزلەرنىڭ ئاممىغا بولغان تەربىيە خىزمىتىگە
ئارتۇقچە دىققەت قىلىشىڭىزلارنى ئۆتۈنىمەن". بۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مىللىي
مەسىلىدىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە ۋە ئاممىغا تەربىيە بېرىش خىزمىتىگە
ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى ئۈچ
ۋىلايەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مىللىي مەسىلە جەھەتتە ئىدىيىنى
تەرتىپكە سالدى. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق كىشىلەر خەنزۇ پۇقرالىرىنى
ھاقارەتلەش، ئۇلارغا زىيان يەتكۈزۈش ۋەقەلىرى يەنىلا ساقلىنىۋاتىدۇ، بۇنداق
ئەھۋال مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمىزگە پايدىسىز، دەپ جىددىي كۆرسەتتى، ھەم
سەمىمىي ھالدا مۇنداق دېدى "بىز سادىر قىلغان خاتالىقلىرىمىزنى
يوشۇرمايمىز، بەلكى بۇ خاتالىقلىرىمىزنى پاش قىلىپ، بۇ خاتالىقلارنىڭ
كۆرۈلۈشىدىكى مەنبەنى تېپىپ چىقىپ خاتالىقلارنى تۈگىتىشىمىز كېرەك".
خاتالىقلارنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا تەرەققىيپەرۋەرلەر مۇنداق دەپ قارىدى،
ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر، ئەركىن تەرەققىي قىلىشىنى
تېزلەتتى ھەمدە خەنزۇ پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز
يەتكۈزگەن ئۇنسۇرلارنى جازالاپ، مىللەتلەر خىزمىتى جەھەتتە مەلۇم
نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 1947-يىل 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ۋە
10-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، ئۈچ ۋىلايەت ئىلگىرى ـ ئاخىر بولۇپ موڭغۇل خەلق
قۇرۇلتىيى ۋە شىبە-سولۇن داغۇر مىللەتلىرى قۇرۇلتىيى چاقىرىپ، مىللەتلەرنىڭ
باراۋەرلىك ھوقۇقىنى تەكىتلەپ، ھەر مىللەت خەلقىنى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ،
"تىنچلىق بېتىم"نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.
قۇرۇلتايدا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا موڭغۇل مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى ۋە
شىبە-سولۇن (داغۇر) مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى. ئۈچ ۋىلايەت يەنە خەنزۇ
مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى ۋە قۇردى، ھەر قايسى
مىللەتلەرنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئۆز تىلى بىلەن تەربىيىلەيدىغان
مەكتەپلىرىنى قۇردى. 1949-يىل 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ تىنچلىقىنى قوغداش
خەلقچىل ئىتتىپاقى مەركىزىي تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ 21-سانلىق يىغىنىدا
خەنزۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خەنزۇ
مەكتەپلىرىنى كۆپەيتىپ ئېچىش، رەھىمجان سابىرھاجى، ئەنۋەر خانبابا، ئەسئەت
ئىسھاقۇپ قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان مەخسۇس ھەيئەت تەشكىل قىلىپ بۇ
خىزمەتكە مەسئۇل قىلىشنى قارار قىلدى. ئۈچ ۋىلايەت يەنە ئىقتىسادىي
قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا
گېزىت-ژۇرنال چىقىرىشىغا ياردەم بەردى. 1945-يىل 5-ئايدا، غۇلجىدا
ئۇيغۇرچە، قازاقچە، خەنزۇچە، رۇسچە، شىبەچە، موڭغۇلچە يېزىقتىكى ئالتە خىل
گېزىت-ژۇرنال نەشر قىلىندى، ئامالنىڭ بارىچە ھەر مىللەت تىل ـ يېزىقىدىكى
دەرسلىكلەر بېسىلدى، ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا ھەر مىللەتتىن بولغان مۇنەۋۋەر
كادىرلار قوبۇل قىلىندى. جايلارنىڭ مەمۇرىي تارماقلارنىڭ بىرىنچى قوللۇق،
مۇئاۋىنلىق ۋەزىپىسىگە ۋە بۆلۈم، بۆلۈمچىلەرنىڭ خىزمەتچىلىكىگە شۇ جايدىكى
نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ بولغان مىللەتتىن بولغانلار قويۇلدى. 1948-يىل
8-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ تىنچلىقنى قوغداش خەلقچىل ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن
كېيىن تارقىتىلغان بىرىنچى ھۆججەت يەنى "شىنجاڭ تىنچلىقنى قوغداش خەلقچىل
ئىتتىپاقنىڭ پۈتۈن ئۆلكە خەلقىگە مۇراجىئەت"تە خەنزۇلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە
ئالغان مىللىي ئىنقىلاب بىرلىك سېپىنى قۇرۇش تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئوتتۇرىغا
قويۇلۇپ، مۇنداق كۆرسىتىلدى:"ئىشىنىمىزكى، ئۆلكىمىزدە ياشاپ كېلىۋاتقان
ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۆزبېك ۋە باشقا مىللەتلەر
نامرات، قالاق، ھوقۇقسىز بولغان قۇللۇق ئورنىغا مەڭگۈ خاتىمە بېرىش ئۈچۈن
بىردەك ئىتتىپاقلىشىدىغان بولساق، شىنجاڭنى تىنچ، دوستانە، ئادىل،
ھەققانىي، ئەركىن بولغان جەمئىيەت قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز". بۇ ھەر قايسى
مىللەتلەرنىڭ ئۈچ ۋىلايەتتە سىياسىي جەھەتتە بىردەك باراۋەر ئىكەنلىكىنى،
بولۇپمۇ ئۈچ ۋىلايەتنىڭ خەنزۇ ئاممىسى بىلەن خەنزۇ ئەكسىيەتچىل
ھۆكۈمرانلىرىنى پەرقلەندۈرگەنلىكىنى ھەمدە خەنزۇ خەلقىنى مىللىي ئازادلىق
بىرلىك سېپىنىڭ بىر ئەزاسى قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت
رەھبەرلىرى خەنزۇ ئاممىسىغا زىيانكەشلىك قىلىشتەك قانۇنسىز قىلمىشلارغا
ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ جايلاردىكى ئەدلىيە تارماقلىرىدىن كۈچلۈك
تەدبىر قوللىنىپ بۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئەخمەتجان
قاسىمى 1948-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنى چۆچەك ناھىيىلىك خەنزۇ مەدەنىيىتىنى
ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسىغا يازغان خېتىدە، تارباغاتايدا يېقىنقى بىر
مەزگىلدىن بۇيان، ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق خەنزۇ
ئاممىسىنى ئۆلتۈرۈپ، مال-مۈلكىنى بۇلاش ۋەقەسىنى جىددىي بىر تەرەپ
قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى:"مەيلى قانداق ئادەم،
قانداق مىللەت بولسۇن جۈملىدىن خەنزۇ خەلقى بولسۇن، ئۇلار قانۇن تەرىپىدىن
قوغدىلىدۇ. لودې، ۋاڭ خۇاۋېن، ۋاڭ ماۋسۇ قاتارلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەن
قاتىللار ئۆزلىرىنىڭ جىنايىتىگە ئاساسەن قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ. بۇ ھەقتە
مەن ئەدلىيە تارماقلىرىغا مەخسۇس يوليورۇق بەردىم. سىلەر خاتىرجەم
بولۇڭلاركى، قاچانلا بولمىسۇن، بۇنداق ۋەقە سادىر قىلغان قاتىللارنى
ئەدلىيە تارماقلىرى قەتئىي جازالايدۇ، سىلەر بىزنىڭ قانۇن تارماقلىرىمىزنىڭ
ھەقىقەتەن ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن ئادىل ئىش قىلىدىغانلىقىنى ھېس
قىلغايسىلەر".
1949-يىل 8-ئايدا، دېڭ لىچۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي
كومىتېتىنىڭ ئالاقىچىسى سالاھىيىتى بىلەن شىنجاڭ غۇلجىغا كېلىپ، ئۈچ
ۋىلايەت رەھبەرلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار
"جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ
مۇرەككەپ ۋە مۈشكۈل ۋەزىپىلەر ئىچىدە چەت-ياقا رايونلاردا ياشاۋاتقان
خەلقنىڭ ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن ھەم ئالاقە باغلاشقا ئادەم
ئەۋەتكەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى" بىلدۈردى. ئۇلار دېڭ
لىچۈننىڭ خىزمىتىگە پائال ھەمكارلىشىپ، مەركەزگە ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ھەر قايسى
جەھەتتىكى ئەھۋاللىرىنى دوكلات قىلدى ھەم يېڭى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى
يىغىنىغا قاتنىشىش تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. ئۇلار رەئىس
ماۋزېدۇڭ ئەۋەتكەن تەكلىپنامىدىكى "سىلەرنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئېلىپ
بارغان كۈرىشىڭلار پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ دېموكراتىك ئىنقىلاب ھەرىكىتىنىڭ
بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" دېگەن سۆزدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدى.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۈچ ۋىلايەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ
رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي پۈتۈن جۇڭگو
خەلقىنىڭ دېموكراتىك ئىنقىلابى تاشقىنىغا قوشۇلدى. 1949-يىل 10ئايدا شىنجاڭ
تىنچ يول بىلەن ئازاد بولدى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى كۆزلىگەن پۈتۈن
شىنجاڭنى ئازاد نىشانى ئەمەلگە ئاشتى.
ئۈچ
ۋىلايەت ئىنقىلابى ئاخىرى ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى
ئازاد قىلىش توغرا يولىغا ماڭدى. دەرۋەقە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلاش،
تەرەققىي قىلىش جەريانىدا، بۆلگۈنچىلىك، مۇستەقىللىق، خەنزۇلارغا قارشى
تۇرۇش، خەنزۇلارنى چەتكە قېقىشتەك ئېغىر خاتالىقلار سادىر قىلىنغان
بولسىمۇ، لېكىن ئۈچ ۋىلايەتتىكى تەرەققىيپەرۋەر زاتلارنىڭ رەھبەرلىكىدە
مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ كۈچلۈك بېسىمغا بەرداشلىق بېرىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى
ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قوغدالدى، بۇ تارىخىي تۆھپە مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.
4.
ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ
سۇيقەستلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ تارمار قىلىنىشى
شىنجاڭ ئازاد بولۇش ھارپىسىدا، ئىچكى-تاشقى ئەكسىيەتچى كۈچلەر شىنجاڭدىكى
مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، جاھىللىق بىلەن
قارشىلىق كۆرسىتىپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى توسۇشقا
ئۇرۇندى. ئۇلار بارلىق پەسكەش نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىكنى
ھەدەپ قۇترىتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىپ، ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭ
قوزغاپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇندى. شۇڭا،
ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەن
بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئوتتۇرىسىدا كەسكىن كۈرەشكە دۇچ كەلدى.
(1)
خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى غەربىي شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، "ئىسلام
جۇمھۇرىيىتى"تۆرەلمە پېتى ئۇجۇقتۇرۇلدى
1949-يىل 6-ئايدا، ليۇشياۋچى ئۆمەك باشچىلىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيىسى
ۋەكىللەر ئۆمىكى مەخپىي ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ زىيارەتتە بولدى،
سۆھبەت جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ: ئامېرىكا جاھانگىرلىكى شىنجاڭغا
قول تىقىپ، مابۇفاڭ باشچىلىقىدىكى غەربىي شىمال يەرلىك مىلىتارىست
كۈچلىرىنى شىنجاڭغا چېكىندۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئەكسىيەتچى كۈچلەر بىلەن
بىرلىشىپ، "بۈيۈك ئىسلام جۇمھۇرىيىتى"قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ، دېگەن
ئاخباراتنى يەتكۈزدى. ئەگەر ئۇلارنىڭ بۇ سۇيقەستى ئەمەلگە ئېشىپ قالسا،
جۇڭگو ئىنقىلابىغا ناھايىتى زور خەۋپ يېتەتتى، سوۋېت ئىتتىپاقىغىمۇ
ئىنتايىن پايدىسىز ئىدى، شىنجاڭنى ئازاد قىلىشتا توسالغۇ تېخىمۇ چوڭ
بولاتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىش
سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، جاھانگىرلىكنىڭ سۈيقەستىنى تارمار قىلىشنى تەۋسىيە
قىلدى. ليۇشياۋچى مەزكۇر ئاخباراتنى رەئىس ماۋزېدۇڭغا مەلۇم قىلىپ، غەربىي
شىمالنى ئازاد قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭغا مۇددەتتىن بۇرۇن يۈرۈش
قىلىش تەكلىپىنى بەردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ماۋجۇشى كەسكىن قارار
چىقىرىپ، شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىش مۇددىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ 1950-يىلىدىن
1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغا ئورۇنلاشتۇردى.
ئەينى ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى پايكىستون ۋە
مۇئاۋىن كۇنسۇلى ماكنەن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىپ، مابۇفاڭ قاتارلىق ئەمەلىي
كۈچى بار يەرلىك گۇرۇھلارنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۆزىگە تارتىپ ۋە
سېتىۋېلىپ، شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچى يولۋاس، مۇھەممەت ئىمىن، ئەيسالار
بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىش سۇيقەستلىك
ھەرىكىتىنى جىددىي پىلانلاۋاتاتتى.
مابۇفاڭ ناھايىتى قارا نىيەت شەخس بولۇپ، ئۆزىنى غەربىي شىمالنىڭ خوجىسى
دەپ ئاتىۋالغانىدى، ئۇنىڭ باشچىلىقىدا تەكشىللەنگەن "ماجەمەتى قوشۇنى"
مۇئەييەن كۈچكە ئىگە بولۇپ، غەربىي شىمال ۋەزىيىتىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر
كۆرسىتەلەيتتى. 1949-يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، مابۇفاڭ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئورنىغا
گومىنداڭنىڭ غەربىي شىمال ھەربىي-مەمۇرىي ئەمەلدارى بولۇپ، غەربىي شىمالنىڭ
ھەربىي-مەمۇرىي ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالدى. مابۇفاڭ ئەزەلدىن
شىنجاڭنى مېنىڭ كۈچ دائىرەمدىكى جاي، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر
ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى بىز بىلەن ئوخشاش،
ھەممىمىز مۇسۇلمان ھېسابلىنىمىز، شۇڭا ئاممىنى دىندىن پايدىلىنىپ ئاسانلا
قۇتراتقىلى ۋە قايمۇقتۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارايتتى. مابۇفاڭ "شىنجاڭ مېنىڭ
قولۇمدا، شىنجاڭدا قوشۇنۇم بار، شىنجاڭ خەلقى گېپىمنى ئاڭلايدۇ، چۈنكى
ئۇلار مۇسۇلمانلار." دېدى.
1949-يىلى يازدا، فۇمىي ئۇرۇشىدىن كېيىن، گومىنداڭ گېنېرالى خۇزۇڭنەننىڭ
غەربىي شىمال رايونىدىكى قوشۇنى ھېچقانچە قالمىدى، مابۇفاڭنىڭ "ماجەمەتى
قوشۇنى" ئاساسەن شۇ پېتى بولۇپ، 50 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بىلەن چىڭخەي،
نىڭشيا ۋە گەنسۇنىڭ قىسمەن جايلىرىنى كونترول قىلىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە
كۆپىنچىسى ئاتلىق ئەسكەر بولۇپ، ھەرىكەتچانلىقى كۈچلۈك ھەم مۇئەييەن
جەڭگىۋارلىققا ئىگە ئىدى، ئامېرىكىنىڭ كۆزى مابۇفاڭ چۈشتى، گومىنداڭمۇ دونى
مابۇفاڭغا تىكىپ، ئۇنىڭدىن غەربىي شىمالدا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قارشى
تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. مابۇفاڭ بولسا چىڭ خەي، نىڭشيادا كومپارتىيىگە
تاقابىل تۇرۇپ، گەنسۇنى تېزگىنلەپ، شىنجاڭنى چېكىنىش يولى قىلىپ، چوڭ
ئىشلارنى تەۋرەتمەكچى بولدى. گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ئاتلىق ئەسكەرلىرى
5-جۈنىنىڭ (كېيىن تەرەپكە سېلىپ ئاتلىق ئەسكەرلەر 1-شىسىغا ئۆزگەرتىلگەن)
جۇنجاڭى ماچېڭشىياڭ مابۇفاڭنىڭ جيەنى بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ ھەربىي
ھوقۇقىنىمۇ ماجەمەتى قوشۇنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتاتتى. مابۇفاڭنىڭ غەربىي شىمال
رايونىدىكى ھوقۇقى ئەڭ كۈچلۈك ئىدى.
شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچى مۇھەممەت ئىمىن، ئەيسالارمۇ گومىنداڭنىڭ
ئنستۈنلۈكنى قولدىن بېرىپ قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ، جاھىللىق بىلەن
قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈمىدىنى مابۇفاڭغا باغلىدى. 1949-يىل 6-ئايدا، يولۋاس
لەنجۇغا بېرىپ مابۇفاڭنىڭ نىيىتىنى بىلىپ باقماقچى بولدى. مابۇفاڭ
ئاللىبۇرۇن شىنجاڭغا چىشىنى بىلەپ تۇرغاچقا، ئىككى تەرەپ ئاسانلا پۈتۈشۈپ
قالدى. شۇندىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەر مابۇفاڭ بىلەن
ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ كەتتى. يولۋاس گۇرۇھى يەنە ئەسكەر قوبۇل قىلىپ، ئات
سېتىۋېلىپ، قوراللىق تەشكىلات قۇرۇپ، ئاندىن بۇرھان باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ
ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش قەستىدە بولدى، يولۋاس بۇرھاننىڭ ئورنىدا
شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىس، ماگويىنى خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى،
مابۇفاڭ گۇرۇھى بىلەن زىچ ئالاقىسى بولغان جاڭ شاۋنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ
باش كاتىپى قىلماقچى بولدى. بۇ سۇيقەستىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئەيسا
8-ئايدا ماچېڭشياڭنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا "شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ
سوۋغا-سالىمىنى مابۇفاڭ جانابلىرىغا يەتكۈزۈش ئۆمىكى" تەشكىللەپ، ئۆزى
ئۆمەك باشلىقى بولۇپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەشۋىقات كومىتېتىغا قاراشلىق
شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنى باشلاپ، ماچېڭشياڭنىڭ مەخسۇس ئاپتوموبىلى
بىلەن لەنجۇغا باردى. ئەيسا مابۇفاڭغا تۇغ تەغدىم قىلدى ۋە 500 تۇياق جەڭ
ئېتى، يەنە 100 مىڭ ئۇيغۇر ياشنى تەشكىللەپ مابۇفاڭغا ئەسكەرلىككە
بەرمەكچى بولدى ھەمدە مابۇفاڭدىن جياڭ جېشىغا ئۆزلىرىنىڭ غەربىي شىمالدا
بىر ئىسلام دىنى "مۇستەقىل دۆلەت"ى قۇرۇشىغا ئىجازەت بېرىشىنى ئېيتىپ
بېقىشنى ئۆتۈندى. ماچېڭشياڭ مۇھەممەت ئىمىننىڭ "ئۇيغۇر ياشلىرى مەشىق
سىنىپى" قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭغا "ئاتلىق ئەسكەرلەر 1-شىسى ساپيولار
ليەنى" دەپ نام بەردى، ئۇلار ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى تۇدۇڭخابا رايونىدا
مەخپىي مەشىق ئېلىپ باردى.
ئامېرىكىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىپ يېقىندىن ماسلاشتى. ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدە
تۇرۇشلۇق كونسۇلى پايكىستون ۋە مۇئاۋىن كونسۇلى ماكنەن ئوتتۇرىغا چىقىپ
يىغىن ئېچىپ، قورال-ياراغ، ئوق-دورا تارقىتىپ، ئوسمان، جانىمقان قاتارلىق
كىشىلەرنى قوراللىق توپىلاڭ قوزغاشقا كۈشكۈرتتى.
ج ك
پ مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ماۋزېدۇڭ ئىچكى-تاشقى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ
سۇيقەستلىك ھەرىكىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق
ئارمىيىسىنىڭ غەربىي شىمالغا يۈرۈش قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تېز جەڭ
قىلىپ تېز غەلىبە قىلىپ، دۈشمەن كۈچلەرنى يوقىتىشنى ھەمدە "ماجەمەتى
قوشۇنى"نىڭ شىنجاڭغا قېچىپ كېلىۋېلىشىنى توسۇشنى قارار قىلدى. "خۇزۇڭنەن،
مابۇفاڭنىڭ تەڭرىتېغىدىن ئۆتۈشىگە يول قويماي"، دۈشمەننىڭ شىنجاڭنى
بۆلىۋېلىش سۇيقەستىنى تارمار قىلىش باش ئىستراتېگىيىلىك مەقسەت قىلىندى.
ماۋزېدۇڭ پىڭ دېخۇەيگە تېلېگرامما بېرىپ، غەربىي شىمال جەڭ مەيدانىدا ئازاد
قىلىنمىغان رايونلارغا يۈرۈش قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، يىل ئاخىرىغىچە
شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىپ، "ماجەمەتى قوشۇنى"نى شىنجاڭ چېگرىسى سىرتىدا يوقىتىش
توغرىسىدا يوليورۇق بەردى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەقسىتىگە
ئاساسەن، پىڭ دېخۇي قوشۇنى ئىككى لىنىيە بويىچە قالدۇق دۈشمەنلەرنى
تازىلىدى. ئوڭ لىنىيە قوشۇنى، شۈگۇاڭدا بىلەن ۋاڭ شىتەينىڭ يېتەكچىلىكىدە،
ليۇپەنشەن تېغىدىن ئۆتۈپ، شىئەن-ليەنجۇ تاشيولى بىلەن غەربىي شىمال
ھەربىي-مەمۇرىي ئەمەلدارلار مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي لەنجۇغا قىستاپ كېلىپ،
5 كېچە-كۈندۈز جەڭ قىلىش ئارقىلىق، 8-ئاينىڭ 26-كۈنى لەنجۇنى ئېلىپ،
مابۇفاڭ ئاساسىي قوشۇنىدىن 27 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يوقاتتى، مابۇفاڭ
ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ چىڭخەيگە قېچىپ بېرىپ كونا ئۇۋىسىنى چىڭ
ساقلىماقچى بولدى. سول لىنىيە قوشۇنى 1-ئەسكەرلەر تۈەنى ۋاڭ جېنىنىڭ
يېتەكچىلىكىدە، باۋجى، تيەنشۈينى ئالغاندىن كېيىن، جەنۇبىي گەنسۇغا يۈرۈش
قىلىپ، تاۋخې، خۇاڭخې دەرياسىدىن جەڭ بىلەن ئۆتۈپ، ئۇدۇل مابۇفاڭنىڭ كونا
شىنىڭنى ئىگىلىدى. بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ غەلىبىسى غەربىي شىمالنى
ئازاد قىلىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى. نىڭشيادىكى ماخوڭكۈينىڭ قالدۇق قىسىملىرى
خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كۈچلۈك زەربە بېرىشى ئاستىدا، 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
تېلېگرامما بېرىپ تەسلىم بولدى، 23-كۈنى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى يىنچۈنگە
كىرىپ جايلاشتى. گومىنداڭنىڭ خۇزۇڭنەن، مابۇفاڭ قالدۇق قىسىملىرىدىن
تەخمىنەن 40 مىڭدىن ئارتۇق كىشى خېشى كارىدورىدىكى جاڭيې-جيۇچۈەن ئەتراپىغا
چېكىندى. خۇزۇڭنەن، مابۇفاڭ قالدۇق قىسىملىرىنى خېشى كارىدورىدا تولۇق
يوقىتىپ، شىنجاڭنى ئازاد قىلىش ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئورۇنداش
ئۈچۈن، سول لىنىيە قوشۇنى 1-ئەسكەرلەر تۈەنى شىنىڭدىن يولغا چىقىپ، 100
كلومېتىردىن ئارتۇق ساسلىقنى بېسىپ ئۆتۈپ، قار-شىۋىرغانلىق چىليەنشەن
تېغىدىن ئۆتۈپ، بىۋاسىتە جاڭيىغا تېگىش قىلدى. ئوڭ لىنىيە قوشۇنى
2-ئەسكەرلەر تۈەنى لەنجۇدىن يولغا چىقىپ لەنجۇ –شىنجاڭ تاشيولى بىلەن
غەربىي شىمالغا قاراپ قوغلاپ زەربە بېرىپ، يىل بويى قار ئېرىمەيدىغان
ۋۇشاۋلىڭ چوققىسىدىن ئۆتۈپ، شەندەن ئارقىلىق 17كۈن تىز يول يۈرۈپ، 9-ئاينىڭ
21-كۈنى 1-ئەسكەرلەر تۈەنى بىلەن جاڭيېدا ئۇچرىشىپ، شىنجاڭغا قېچىپ
كەلمەكچى بولغان دۈشمەننىڭ چېكىنىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. رايونىغا
توپلاشقان گومىنداڭ قالدۇق قىسىملىرىدىكى 40 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھەقىقەتكە
قايتقانلىقى ۋە تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن غەربىي
شىمالدىكى شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەيدىن ئىبارەت تۆت ئۆلكە ئازاد بولدى،
شىنجاڭدىكى دۈشمەنلەر يېتىم قىلىپ چەت ئەلگە قاچتى، خەلق ئازادلىق
ئارمىيىسى يۈمىنگۈەنگە يېتىپ باردى، شىنجاڭنىڭ ئازاد بولۇشىغا ساناقلىقلا
كۈن قالدى.
خەلق
ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى ئارقىسىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت
خەلقى ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئازادلىققا ئىنتىلىپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش
كۈرىشىنى قانات يايدۇردى. تەرەققىيپەرۋەر زات بۇرھان شەھىدى بىر تەرەپتىن
نۇرغۇن سورۇنلاردا ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋەتەن
بىرلىككە كېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتكەندىلا، ئاندىن شىنجاڭ ئىستىقبالغا
ئىگە بولىدۇ دېگەن نۇقتىئىنەزىرىنى قايتا-قايتا چۈشەندۈردى؛ يەنە بىر
تەرەپتىن، مۇھەممەت ئىمىن قاتارلىقلارنىڭ دۆلەتنى پارچىلاش سەپسەتىلىرىگە
كەسكىن رەددىيە بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ 2000 نەچچە يىلدىن بۇيان
جۇڭگونىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلگەن، خۇددى جۇڭگو بىر مىللەتنىڭ جۇڭگوسى
بولماستىن، بەلكى ھەر مىللەتنىڭ جۇڭگوسى بولغىنىغا ئوخشاش، شىنجاڭمۇ بىر
مىللەتنىڭ شىنجاڭى ئەمەس، بەلكى ھەر مىللەتنىڭ شىنجاڭى؛ مۇبادا شىنجاڭدا
ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىبارەت بىرلا مىللەت بار دېسەك، شىنجاڭ دائىرىسىدىن
ئېلىپ ئېيتقاندا، چوڭ مىللەتچىلىك خاتالىقى سادىر قىلغان بولىمىز، پۈتۈن
مەملىكەت مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يەرلىك مىللەتچىلىك، يەنى تار
مىللەتچىلىك خاتالىقى سادىر قىلغان بولىمىز. شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد
ھارپىسىدا، مىللىي بۆلگۈنچىلەر بىلەن گومىنداڭنىڭ ئۇرۇش تەرەپدارلىرى
بىرلىشىپ سۇيىقەست ئىشلىتىپ، شىنجاڭنى بۆلىۋېلىش مەقسىتىدە شىنجاڭدىكى ھەر
مىللەت خەلقىنىڭ ئازادلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە،
بۇرھان شەھىدى تەرەققىيپەرۋەر دېموكراتىك زات شۇجى ۋە يەر ئاستى
تەرەققىيپەرۋەر ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەربىي ساھەدىكىلەر
بىلەن بىرلىكتە تارىخ ئېقىمىغا ماسلىشىپ، تىنچ يول بىلەن ھەقىقەتكە قايتىش
يولىغا ماڭدى. شىنجاڭدىكى تەرەققىيپەرۋەر يەر ئاستى ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن
جەڭگىۋارلار ئۇيۇشمىسى، ئاۋانگارتلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىقلارمۇ تۈرلۈك
ئۇسۇللار بىلەن مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە گومىنداڭ قوشۇنىدىكى جاھىل
ئۇنسۇرلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلدى. ئۇلار تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىپ،
گېزىت چىقىرىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ۋەزىيىتىنى، ماركسىزم،
لېنېنىزىم ۋە ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنى، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ تۈرلۈك فاڭجېن،
سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تىنچلىق ۋە
بىرلىككە ئىنتىلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ
تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، تاۋسىيۆ باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ قوشۇنى
ۋە بۇرھان شەھىدى باشچىلىقىدىكى گومىنداڭنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى
ھەقىقەتكە قايتقانلىقىنى جاكارلىدى، نەتىجىدە شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد
بولدى. شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ھەر مىللەت
خەلقىنىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇزاقتىن بېرى
غالجىرلىشىپ كەتكەن مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ، مەخسۇت،
مۇھەممەت ئىمىن، ئەيسا قاتارلىق بىر تۈركۈم كونا مىللىي بۆلگۈنچىلەر
شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولدى.
ئامېرىكىنىڭ مابۇفاڭ باشلىقلىقىدىكى ئەكسىيەتچىل كۈچلەردىن پايدىلىنىپ
مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى يېنىغا تارتىپ، شىنجاڭدا "بۈيۈك ئىسلام
جۇمھۇرىيىتى"قۇرماقچى بولغان سۇيقەستى تېخى ئىشقا ئاشماي تۇرۇپلا، خەلق
ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ زەربىسى ئارقىسىدا ئۈزۈل-كېسىل تارمار بولىدۇ.
(2)
غۇلجا، موڭغۇلكۈرە، توققۇزتارا قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن
ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭنى تىنچىتىش كۈرىشى
ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ شىنجاڭدا "ئىسلام جۇمھۇرىيىتى" قۇرۇش سۇيقەستى
تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلار يەنە ھەدەپ قوراللىق توپىلاڭ قوزغاشنى
پىلانلاپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشنى توسماقچى بولدى.
بۇ
مەزگىلىدە، شىمالىي شىنجاڭدىكى بەزى رايونلاردىمۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىك
ھەرىكەتلىرى ئىنتايىن ئەۋج ئېلىپ كەتتى. غۇلجىدا راخمانوف باشچىلىقىدىكى
بۆلگۈنچىلىك قىلىش، توپىلاڭ قوزغاش ۋەقەسى يۈز بەردى. 1950- يىلىنىڭ
باشلىرىدا، غۇلجىدا تۇرۇشلۇق 5-ئارمىيە شەھەر مۇداپىئەسى يىڭىنىڭ پەيجاڭى
راخمانوف "پانتۈركىزم ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئىلى گۇرۇپپىسى"نى قۇردى.
3-ئاينىڭ 28-كۈنى، بۇ ئەكسىيەتچىل تەشكىلات غۇلجىنىڭ بەخت باغچىسى
مەھەللىسىدىكى مەھەللە باشلىقى مۇھەممەتنىڭ ئۆيىدە 1-قېتىملىق يىغىن ئېچىپ،
قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ھەمدە ئەزا قوبۇل قىلىپ، تەشكىلاتنى
زورايتىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، غۇلجىدا ھەدەپ ئىغۋا، شوئار،
تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىپ، "كومپارتىيىنى يوقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئازادلىقى
ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى"، "ئەجدادلىرىمىز شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن،
يۇلتۈز-ئاي تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن
كۈرەش قىلايلى"دەپ جار سالدى. 7-ئاينىڭ باشلىرىدا، ئۇلار يەنە ئاز ساندىكى
ئەكسىيەتچى كۈچلەر، يۇقىرى قاتلامدىكى دىنىي ئۇنسۇرلار ۋە مىللىي
بۆلگۈنچىلەرنى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ كۈچ كۆرسىتىشكە قۇترىتىپ،
شىنجاڭنىڭ ئىلى، تارباغاتاي، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايىتىنى سوۋېت
ئىتتىپاقىغا قوشۇۋېتىش كېرەك دەپ ئاشكارا جار سالدى. راخمانوف ئۆزىنىڭ
سۇيقەستى ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن ھەممىنى دوغا تىكىپ، 7-ئاينىڭ
26-كۈنى شەھەر مۇداپىئەسى يېڭىدىن 100 كىشىنى ئاساس قىلىپ ھەمدە
جەمئىيەتتىكى بىر تۈركۈم جېدەلخور لۇكچەكلەرنى يىغىپ، ئەكسىلئىنقلابىي
توپىلاڭ قوزغىدى. ئۇلار ئىلى رايونىدىكى پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىرىمىزنى
قەستلەپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، بايانداي تۈرمىسىگە ۋە 5-ئارمىيىنىڭ ئەدلىيە
باشقارمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، قاماقتىكى جىنايەتچىلەرنى يىغىپ، باقىيوف
قوماندانلىقىدىكى توپىلاڭچى 1-لىيەن بىلەن بىرلىشىپ، يەنە تاغدىكى
باندىتلار بىلەن قوشۇلۇپ، توپىلاڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىغان ئىدى.
بىز تەرەپ راخمانوفنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلىپ توپىلاڭ قوزغاش ھەرىكىتىنى
رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلغاندىن كېيىن، دەرھال كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ،
توپىلاڭ قوزغىماقچى بولغان قوشۇننىڭ قورال-ياراغلىرىنى يىغىۋالدى ھەمدە
باقىيوف قاتارلىق تايانچ ئۇنسۇرلارنى قولغا ئالدى. راخمانوف 7-ئاينىڭ
24-كۈنى ئاسىيلىق قىلغان ئەسكەرلەرنى باشلاپ قورال-ياراغلارنى ئېلىپ غۇلجا
شەھىرى ئەتراپىدىكى تۇرپانيۈزگە بېرىپ يوشۇرۇنۇۋالدى ھەمدە ئۆزىنى قولغا
ئالغىلى بارغان شەھەر مۇداپىئە يىڭىنىڭ يېتەكچىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن
كېيىن، ئىلىنىڭ يېزىلىرىدا ئېقىپ يۈرۈپ، داۋاملىق مەخپىي ئەزا قوبۇل قىلىپ
تەشكىلاتىنى كېڭەيتتى. ئۇ ئىلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىلگىر-كېيىن بولۇپ
سەككىز گۇرۇپپا قۇرۇپ، 1500 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئەزالىققا قوبۇل قىلدى.
8-ئاينىڭ 17-كۈنى، راخمانوف غۇلجا ناھىيىسىنىڭ قىشلاقتام كەنتىدىكى يەر
ئاستى ئۆيدە قولغا چۈشتى ھەمدە ئۇنىڭ ئۆيىدىن 73 دىنە مىلتىق، 6 دانە
پىلىموت، 91 دانە قىلىچ ۋە ئەكسىلئىنقىلابىي تەشكىلاتقا قاتنىشىش
قەسەمنامىسى، ئىلتىماسى، كىنىشكىسى قاتارلىق بىر تۈكۈم جىنايى پاكىتلار
تېپىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبىسى
يەنە ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك
مەسئۇللىرىنى غۇلجىغا يېتەكلەش-تەربىيە بېرىش خىزمىتى ئىشلەشكە ئەۋەتتى،
كېيىن سەيپىدىن ئەزىزى شىنجاڭ شۆبىسىگە ۋاكالىتەن بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ
قىلغىلى غۇلجىغا باردى. تەشۋىقات-يېتەكلەش خىزمىتى ۋاقتىدا ئىشلەنگەچكە،
كەڭ ئامما ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشىنىپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىۋالدى.
نەتىجىدە، بۇ بۆلگۈنچىلىك سۇيقەستى ناھايىتى تېزلا تارمار قىلىنىپ، بىر
قېتىملىق توپىلاڭ توسۇپ قېلىندى.
راخمانوفنىڭ قوراللىق توپىلىڭى تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، 1950-يىل
8-ئاينىڭ 18-كۈنى، يەنە موڭغۇلكۈرەدە يەنە بىر قېتىم ئوسمانغا مۇناسىۋەتلىك
ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق توپىلاڭ يۈز بەردى. 1950-يىل 2-ئايدا، ئوسمان
موڭغۇلكۈرەدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا ئادەم ئەۋەتتى، ئۇلار شۇ جايدا
تۇرۇشلۇق ئىدرىس نۇرباس (قاواق، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدا
شىنجاڭغا كەلگەن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا مىللىي ئارمىيىگە قاتناشقان)،
مامۇرقان (مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىسى شاد رايونىنىڭ باشلىقى) بىلەن تىل
بىرىكتۈرۈپ توپىلاڭ قوزغاش قەستىدە بولدى. 8-ئاينىڭ 18-كۈنى، 36 كىشىنى
باشلاپ، 36 دانە مىلتىق، ئىككى دانە پىلىموتنى ئېلىپ، خەلقنىڭ ئاتلىرىنى
بۇلاپ، ئاسىيلىق قىلىپ چىقىپ كەتتى. ئۇلار شاد كەنتىگە چۈشۈپ 100 دىن
ئارتۇق ئاممىنى يىغىپ يىغىن ئاچتى، توپىلاڭچى باندىتلارنىڭ تايانچىسى
ئىدرىس ئۇستا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ:"بۈگۈن جۈمە، پۈتۈن شىنجاڭدا قوزغىلاڭ
كۆتۈرمەكچىمىز"، "بىز ئۈچ ۋىلايەتتىكىلەرنىڭ ئىلگىرى ئىنقىلاب
قىلىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇش"دېدى ھەمدە
زەھەرخەندىلىك بىلەن، "كومپارتىيە ئەخمەتجانلارغا قەست قىلدى، ئەمدى
بىزنىمۇ ئېزىۋاتىدۇ"، "كومپارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىپ، بىزنى چەتكە
قېقىۋاتىدۇ، بىزنى چەكلەپ قويۇۋاتىدۇ، مال-مۈلكىمىزنى مۇسادىرە قىلىۋالدى،
دىنىمىزنى يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ" دەپ ئېغۋا توقۇدى، ئارقىدىنلا يەنە
يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ:"ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئاتوم بومبىسى تاشلىدى،
بىز ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرىمىز"دېدى، ۋەھاكازا،
يەنە بىر توپىلاڭ تايانچىسى شاۋەلى داموللا:"بىز توپىلاڭ قوزغىمىساقمۇ،
ئۇلار ئىككى يىلدىن كېيىن تۈگىشىدۇ"دەپ جار سالدى. توپىلاڭچى باندىتلار شاد
كەنتىدە 200 دىن ئارتۇق ئادەمنى يىغىپ توپىلاڭغا قاتناشتۇردى، ئۇلار
ئۆزلىرىنى"ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ سادىق ئارمىيىسى"دەپ ئاتىدى، كېيىن ئاقسۇ
كەنتىگە قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئاممىنى توپىلاڭغا قاتنىشىشقا داۋاملىق
قۇتراتتى ۋە مەجبۇرلىدى. خەلق ئازادلىق ئارمىيىمىز بۇ توپىلاڭچىلارنى ئېغىر
پالاكەتكە ئۇچراتقاندىن كېيىن ئۇلار نىلقا، تېكەس، موڭغۇلكۈرە قاتارلىق
ناھىيىلەرگە قېچىپ كەتتى. 1950-يىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنى، خەلق ئازادلىق
ئارمىيىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى
ئارقىسىدا، بۇ باندىت توپىلاڭچىلارنى پۈتۈنلەي قورشاپ يوقىتىپ ياكى قولغا
چۈشۈرۈپ، توپىلاڭنى ئۈزۈل-كېسىل تىنچىتتى.
موڭغۇلكۈرەدە يۈز بەرگەن ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق توپىلاڭ تىنچىتىلغاندىن
كېيىن، 1951-يىل 10-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئىلى ۋىلايىتى توققۇزتارا ناھىيىسىدە
يەنە مالىك ھاجى باشچىلىقىدىكى ئەكسىيەتچىل چارۋىدار، پومېشچىك، زومىگەر،
كەسپىي باندىتلار ۋە ئەكسىيەتچىل دىنىي كۈچلەر قوزغىغان ئەكسىلئىنقىلابىي
قوراللىق توپىلاڭ يۈز بەردى. مالىك ھاجى 41 باندىتنى يىغىپ، توققۇزتارا
ناھىيىسى موخۇر يېزىسىدا دېھقانلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇسايىتنى ۋە
دېھقانلار ئۇيۇشمىسى ئەزاسى، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىدىن بولۇپ ئالتە
كىشىنى باغلاپ قويدى، ئاندىن كېيىن باندىتلارنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ:
"توققۇزتارا، تېكەس، كۈنەستە ئەتە بىر ۋاقىتتا توپىلاڭ كۆتۈرۈلىدۇ، بىز بىر
تۇتاش ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم. كىمكى قاتنىشىشنى خالىمايدىكەن، ئۇنى
ئۆلتۈرگەننىڭ سورىقى بولمايدۇ"، "ئامېرىكا قوشۇنى يېتىپ كەلدى، پۈتۈن دۇنيا
قوزغالدى، ھەممىڭلار بىزگە ئەگىشىپ مېڭىشىڭلار كېرەك" دەپ قۇتراتقۇلۇق
قىلدى. ئارقىدىنلا مالىك ھاجى ئۆزىنى توپىلاڭنىڭ "باش قوماندانى"، ھەيدەرنى
"مۇئاۋىن باش قوماندان" دەپ تەيىنلىدى. يىغىندا باندىتلار دىنىي قەسەم
بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شۇ چاغدا يىغىنغا 110 باندىت يىغىلدى، 1200 دىن
ئارتۇق ئامما مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلدى. ئۇلار 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەردە
توپىلاڭنى قوزغىدى. ئاۋۋال چارۋا بېقىۋاتقان يەرلىك ئازادلىق ئارمىيىگە
ھۇجۇم قىلىپ تۆت ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، توققۇز دانە
مىلتىقنى بۇلاپ كەتتى. توپىلاڭ يۈز بەرگەندىن كېيىن، توققۇزتارا ناھىيىلىك
پارتكوم بىر تەرەپتىن ئاممىنى باندىتلارنىڭ يوشۇرۇن زەربىسىدىن ساقلىنىشقا
سەپەرۋەر قىلىپ، ئارمىيە-خەلقنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا ئۈچ كۈندىلا
باندىتلارنىڭ كۆپىنچىسىنى يوقاتتى، 1952-يىل 1-ئاينىڭ 8-كۈنى قالغان
باندىتلار خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى تەرىپىدىن باي ناھىيىسىنىڭ غەربىدىكى
تۇزلۇق سۇ جىلغىسى ۋە يۈرگىن ئەتراپلىرىدا پۈتۈنلەي قورشاپ يوقىتىلدى،
مالىك ھاجى قاتارلىق باندىتلار ئەسىرگە چۈشتى، توپىلاڭ پۈتۈنلەي
تىنچىتىلدى.
ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر بىر قانچە قېتىم
ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش
توپىلىڭى قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە ھەر مىللەت
خەلقنىڭ زەربە بېرىشى ئارقىسىدا بىردەك تارمار بولدى. بۆلگۈنچىلىككە قارشى
تۇرۇش، توپىلاڭنى تىنچىتىش كۈرىشىدە، ھەر مىللەت خەلقى كومپارتىيە ۋە
ئازادلىق ئارمىيە تەرەپتە تۇرۇپ، خەۋەر يەتكۈزۈپ، يول باشلاپ، ئاخبارات
يەتكۈزۈپ، توپىلاڭنى تىنچىتىشقا ئاكتىپ قاتناشتى. بەزى مىللىي كادىرلار
باندىتلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندە، قېچىپ چىققاندىن كېيىن ئۆز
ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە
ئازادلىق ئارمىيە تۇرۇشلۇق جايغا بېرىپ ئەھۋال مەلۇم قىلدى ھەمدە
باندىتلارنى قورشاپ يوقىتىشقا پائال ھەمكارلاشتى. باندىتلار بارغانلىكى
جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئۇلارنىڭ تەھدىت، ھەيۋىلىرىدىن قورقۇپ قالماي،
مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئەسكىلىك قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئۇلارنى
يېتىم قالدۇردى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى،
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، يېڭى جۇڭگونىڭ مۇقىملىقى ۋە چېگرا
رايوننىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشتى.
5.
خوتەن خەلقىنىڭ 50-يىللاردا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئېلىپ بارغان
كۈرىشى
1954-يىلى پارتىيە رەھبەرلىك قىلغان ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش،
ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش، يەر ئىسلاھاتى
ھەرىكىتى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. كەڭ دېھقانلار پومېشچىكلارنى كۈرەش بىلەن
يوقىتىپ، يەرگە ئىگە بولدى، فېئوداللىق يەر مۈلۈكچىلىكى ئاسارىتىدىن
قۇتۇلدى، ئۇلارنىڭ ئىنقىلابىي قىزغىنلىقى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئاشتى،
لېكىن ئاغدۇرۇلغان ئەكسىيەتچى كۈچلەر مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، قولدىن
كەتكەن جەننىتىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇندى.
خەلقئارادا جاھانگىرلار جۇڭگوغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە
قامال قىلىشنى جىددىيلەشتۈردى، جياڭ جيېشى گۇرۇھى چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما
ھۇجۇم قىلىمىز دەپ توختىماي جار سالدى. ئازادلىقتىن بۇرۇن چەت ئەلگە قېچىپ
كەتكەن مىللىي بۆلگۈنچىلەرمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قۇتراتقۇلۇق قىلدى،
ئۇلار خەت يېزىش، ئىشپيون ئەۋەتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، خوتەندىكى
مىللىي بۆلگۈنچىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئاكتىپ ھالدا توپىلاڭ پىلانلاپ،
ۋەتەننى پارچىلاپ، ئىسلام پادىشاھلىق دۆلىتى قۇرۇش كويىدا بولدى، شۇنىڭ
بىلەن، بۆلگۈنچىلىك بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش خوتەندە قانات يېيىپ
كەتتى.
(1)
مۇھەممەت ئىمىننىڭ كۆلەڭگىسى
مۇھەممەت ئىمىن خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسىدىن بولۇپ، جاھىل مىللىي بۆلگۈنچى
ئىدى. 1933-يىلى، ئۇ تەشكىللىگەن قورچاق ھۆكۈمەت مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن
كەشمىرگە قېچىپ بېرىپ، ۋەتەننى پارچىلاش ھەرىكىتى بىلەن داۋاملىق
شۇغۇللىنىپ، شىنجاڭنى جۇڭگودىن ئايرىۋېتىش كويىدىلا بولۇپ كەلدى، ئۇ شىنجاڭ
تارىخىنى قەستەن بۇرمىلاپ، "شەرقىي تۈركىستان تارىخى" دېگەن كىتابنى
ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭنى ئايرىۋېلىشىغا تارىخىي "ئاساس" ئويدۇرۇپ
چىقتى. كېيىن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئاتتى.
1946- يىلى، شىنجاڭدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا، ئۇ گومىنداڭ مەركىزىي
ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا
تەيىنلەندى، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى،
شۇنداق قىلىپ ئۇ ھوقۇقىغا تايىنىپ مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى ھەدەپ تەرغىب قىلىپ
ھەمدە تۈركىزم ياشلار ئىتتىپاقى، ياشلار پارتىيىسى قاتارلىق ئەكسىيەتچىل
تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، ئەسەبىيلەرچە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.
ئازادلىق ھارپىسىدا مۇھەممەت ئىمىن خوتۇنى ئامىنەنى خوتەن قاتارلىق
جايلارغا ئەۋەتىپ، بۆلگۈنچىلىك تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىپ، ياشلارنى كوچىغا
چىقىپ نامايىش قىلىپ، "شىنجاڭنى جۇڭگودىن ئايرىۋالىمىز" دەپ جار سېلىشقا
قۇتراتتى. شىنجاڭ ئازاد بولۇش ئالدىدا، مۇھەممەت ئىمىن ئۆزى خوتەنگە كېلىپ
مىللىي بۆلگۈنچىلەر، فېئودال پومېشچىكلار ۋە ئەكسىيەتچى موللىلارنى
چاقىرىپ، ئۇلارغا يوشۇرۇن ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن ئالدىراپ- تېنەپ
چەت ئەلگە قېچىپ كەتتى، تەكشۈرۈلۈشىچە، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ
يوشۇرۇنۇۋالغانلار 100 دىن ئاشقان، ئۇلار تۈرلۈك ئوسۇللار ئارقىلىق
مۇھەممەت ئىمىن بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭدىن يوليورۇق ئېلىپ، كېيىنكى
قېتىمقى توپىلاڭلاردا تايانچلاردىن بولۇپ قالغان.
1949-يىل 12-ئايدا، مۇھەممەت ئىمىن قۇتراتقان مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر ۋە
يۇقىرى قاتلامدىكى بىر قىسىم ئەكسىيەتچىلەر ئازادلىق ئارمىيە خوتەنگە يېتىپ
كەلمىگەن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ئازادلىق ئارمىيىنىڭ
خوتەنگە كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى، بىر قانچە مىڭ تال كالتەك تەييارلىدى،
يەنە بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت قۇرۇش پىلانىنى تۈزدى. ئازادلىق ئارمىيە
تەكلىماكان قۇملۇقىنى پيادە بېسىپ، ئۇدا يۈرۈش قىلىپ ئاسماندىن چۈشكەن
لەشكەرلەردەكلا خوتەندە توساتتىن پەيدا بولغاچقا، خوتەندىكى توپىلاڭ
سۇيقەستى توسۇپ قېلىندى.
مۇھەممەت ئىمىن چەت ئەلگە قېچىپ چىققاندىن كېيىن، ئاغدۇرمىچىلىق،
بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىپ، تەشكىلات قۇرۇپ، ئاخبارات
توپلاپ، شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ،
ئاغدۇرمىچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. 1956-يىلى 10-ئايدىكى
ستاتىستىكىدىن قارىغاندا، خوتەن ۋىلايىتىدە ئازادلىقتىن كېيىن 153ھاجى،
ھاممال ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن، بۇلاردىن 28 كىشى مۇھەممەت ئىمىن
قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىنى قوبۇل قىلغان، 11 كىشى جاسۇسلۇق
ۋەزىپىسى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇھەممەت ئىمىننىڭ
شىنجاڭدىكى يېقىنلىرى بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۇلارغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن،
ئەكسىيەتچىل تەشكىلاتنى راۋاجلاندۇرغان، بەزىلىرى ئۇزاق مۇددەت يوشۇرۇنۇپ
يېتىپ، ھەرىكەت پۇرسىتى كۈتكەن. مەسىلەن، قاراقاش ناھىيىسىدىكى نايىپ ھاجى
ئۈچ قېتىم چەت ئەلگە چىقىپ مۇھەممەت ئىمىن ۋە ئامىنە بىلەن كۆرۈشكەن،
ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خوتەن توپىلىڭىدىكى ئاساسلىق تايانچ بولۇپ
قالغان. خوتەن توپىلىڭى يۈز بەرگەندىن كېيىن، مۇھەممەت ئىمىننىڭ تەبرىك
خېتى ۋە توپىلاڭ ھەققىدىكى يوليورۇقىمۇ بۇ كىشىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن.
مۇھەممەت ئىمىنغا دوست تارتىشىپ بەرگەنلەردىن يەنە يەركەندىكى ئەكسىيەتچى
دىن كاتتىۋېشى، ئىشان مەزھىپىنىڭ چوڭ ئىشانى ئايۇپ قارىمۇ بار، ئۇ دائىم
تەپسىر ئېيتىش نامى بىلەن دىنىي خادىملارنى يىغىۋېلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك
ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلغان. ئازادلىقنىڭ ھارپىسىدا، يەركەندىكى خاڭدى
مەدرىسىسىدە ئۆزىگە ئەگەشكۈچىلەرنى يىغىپ ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش يىغىنى
ئېچىپ، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى توسۇش تەدبىرى ئۈستىدە
كېڭەشكەن ھەمدە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش پىلانى تۈزگەن. شۇنىڭ
بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىن كاتتىۋاشلىرىنى تەيىنلەپ، ئۇلاردىن پائال تۈردە
ئىشان مۇرىتى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمەلىيەتتە ئۇلار دىن مۇرىتى
قوبۇل قىلىش تونىغا ئورۇنۇۋېلىپ، كېيىنكى ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكىتى ئۈچۈن
كۈچ توپلىغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئايۇپ قارى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن.
لېكىن، مۇسا خەلىپە ئۇستازىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مىللىي
بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرغان. چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتىلغاندىن
كېيىن، مۇسا خەلىپە خۇددى يەل ئۇرۇلغان توپتەك، بىراقلا يەنە جانلىنىپ
كەتكەن. 1950-يىلى 9-ئايدا، مۇسا خەلىپە مۇرىتلىرىنى چاقىرىپ خاڭدىدا
توپىلاڭ پىلانلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قانچە
شەھەردىكى توپىلاڭ گۇرۇھىنىڭ مەسئۇللىرىنى بېكىتكەن ھەمدە ئاۋۋال خوتەندە
توپىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلغان. لېكىن ئۇ چاغدا داغدۇغىلىق ئىجارە
كېمەيتىش، زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە يەر ئىسلاھاتى ھەرىكىتى ئېلىپ
بېرىۋاتقانلىقى، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى
بولغانلىقى ئۈچۈن، بۆلگۈنچىلەر توپىلاڭ كۆتۈرسە ئەدىبىنى يەپ قېلىشىدىن
قورقۇپ، ئۆزىنى تېخىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن دىن ئارقىلىق يوشۇرۇپ، پۇرسەت
كۈتۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇھەممەت ئىمىننىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك
ئىدىيىسى باشقا دىنىي كۈچلەرنىڭ خوتەندىكى چوڭقۇر تەسىرى 50-يىللاردا
خوتەندىكى توپىلاڭنىڭ ئاساسىي ئاپەت يىلتىزى بولۇپ قالغان.
(2)
داموللىنىڭ "ئىسلام ھۆكۈمىتى"نىڭ رەئىسى بولماقچى بولۇشى
مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئەگەشكۈچىسى ئابدۇلھېمىد خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئىشان
مەزھىپىنىڭ چوڭ ئىشانى بولسىمۇ، سىياسىي جەھەتتىن قارا نىيەت ئادەم ئىدى.
ئۇ يېرىم-يارتا ھوقۇق نېسىپ بولارمىكىن دەپ بىر توپ مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە
ئەگىشىپ، شىنجاڭنى ياكى شىنجاڭنىڭ مەلۇم بىر رايونىنى جۇڭگودىن ئايرىۋېلىش
ئۈستىدە باش قاتۇردى. 50-يىللاردا، ئۇ شۇ جايدىكى دىن مۇرىتلىرىدىن
پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ خۇراپىي ئارزۇسى بويىچە مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە مىللىي
بۆلگۈنچىلىكنى قۇترىتىپ، خەلق ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش بۆلگۈنچىلىك
ھەرىكىتىنى ئۇدا تۆت قېتىم پىلانلاپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى مىللىي
بۆلگۈنچىلەرنىڭ باش كاتتىۋېشىغا ئايلاندى.
1954-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، خوتەندە دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان 1-قېتىم
ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭ يۈز بەردى، توپىلاڭغا ئابدۇلھېمىد باش قوماندان
بولدى.
ئۇ
چاغدا خوتەندە يېزا ئىگىلىكىنى كوپىراتسىيىلەشتۈرۈش ھەرىكىتى باشلىنىپ
كەتكەنىدى. ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىدىكى بەزى يېزا كادىرلىرىنىڭ خىزمەت
ئۇسۇلى ئاددىي، بولۇشقا تېگىشلىك سىياسەت سەۋىيىسى كەمچىل بولغاچقا،
بۇيرۇققا مەجبۇرلاش ۋە قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ،
ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش
جەريانىدا، سىياسەتنى ئىجرا قىلىشتا كۆرۈلگەن بىر تەرەپلىمىلىك تۈپەيلىدىن
كېلىپ چىققان ئاممىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىمۇ ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى
كۈچەيتىۋەتتى، ئابدۇلھېمىد باشچىلىقىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەر پۇرسەت كەلدى
دەپ بىلىپ، ئاممىنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ، توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە
قۇتراتقۇلۇق قىلدى.
1954-يىلىنىڭ باشلىرىدا، ئابدۇلھېمىد ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. شۇ يىلى
2-ئايدا دەل ئۆزىنىڭ ئاجىز ھەم يالغۇزلۇقىنى ھېس قىلغان ئابدۇلھېمىد
پەتھىددىن مەخسۇمنى ئۇچرىتىپ قالدى. بۇ ئادەم مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئاكتىپ
ئەگەشكۈچىسى بولۇپ، ئىلگىرى مۇھەممەت ئىمىن ئورۇنلاشتۇرغان يوشۇرۇن
ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇۋالغان، ئازادلىقتىن كېيىن ئەكسىلئىنقىلابىي جىنايەت
بىلەن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىپ
ئۇزاق ئۆتمەي ئابدۇلھېمىد بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدى.
ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ يەنىلا دىن ئارقىلىق قوغدىنىپ، مۇرىتلىرى بىلەن مەخپىي
ئالاقە باغلاپ، ئاكتىپلىق بىلەن كۈچ تولۇقلاشنى قارار قىلدى. 5-ئايدا،
ئۇلار تايانچ ئۇنسۇرلارنى چاقىرىپ، "ئىسلام ھۆكۈمىتى بىرلەشمە كومىتېتى"
تەشكىللىدى. ئابدۇلھېمىد ئۆزى رەئىس بولدى. كېيىن يەنە كۆپ قېتىم يىغىن
ئېچىپ، تەشكىلاتنىڭ پروگراممىسى ۋە ھەرىكەت پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە
پىلانىنى تەدرىجىي يولغا قويدى.
6-ئايدا، ئابدۇلھېمىد ئۆزى قاراقاش ناھىيىسىگە كېلىپ، ئاشكارىلىنىپ
قېلىشتىن قورقۇپ، ئاستا قاقاس چۆللۈكتىكى ئادەمزات ئاياغ باسمىغان يەرگە
بېرىۋېلىپ، ئۆز ئىنىسى ئابدۇسەمەت داموللا، پەتھىددىن مەخسۇم ۋە مۇھەممەت
ئىبراھىم قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ
توپىلاڭ كۆتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى. ئابدۇھېمىدنىڭ
بىۋاسىتە قوماندانلىقىدا ئابدۇسەمەت، پەتھىددىن مەخسۇم قاتارلىق ساختا دىن
كاتتىۋاشىلىرى خوتەن، قاراقاش، لوپ قاتارلىق جايلاردىكى دىنىي سورۇنلارغا
ۋە دىن مۇرىتلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بېرىپ، ئۇلارنى نارازى بولۇشقا
قۇتراتتى، ئۇلارنى ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتتى ھەمدە دىنىي مۇراسىم
ئارقىلىق دىن مۇرىتلىرىنى قولىغا "قۇرئان" ئېلىپ ئابدۇھېمىد داموللىغا
سادىق بولۇپ، "ئىسلام ھۆكۈمىتى" قۇرۇش يولىدا "غازات" قىلىشقا قەسەم
قىلدۇردى.
1954-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ تايانچ ئەزالىرى شېرىكى
مۇھەممەتنىڭ ئۆيىدە 3-قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى، بۇ توپىلاڭدىن بۇرۇن
ئېچىلغان "ئىسلام" ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق يادرولۇق يىغىنى
بولۇپ، يىغىندا "ئىسلام" ھۆكۈمىتىنىڭ 11 ئەزاسى سايلاپ چىقىلدى، ھەر قايسى
مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرى بەلگىلەندى. ئابدۇلھېمىد رەئىس، قوشۇمچە
ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئابدۇللاھ غازى داموللا مۇئاۋىن رەئىس،
پەتھىددىن مەخسۇم ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش
كاتىپ، ناسىر داموللا باش كېسىمچى بولدى، بۇنىڭدىن باشقا، يەنە
دىپلوماتىيە، مالىيە، خەلق ئىشلىرى، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق
مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرى بەلگىلەندى. يىغىندا يەنە توپىلاڭنىڭ
ھەرىكەت پىلانى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش لايىھىسى بەلگىلەندى. ئۇلار 1955-يىل
1-ئاينىڭ 1-كۈنى، توپىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى ھەمدە ھەر قايسى
تارماقلارنىڭ شەھەرنى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىنكى ۋەزىپە تەقسىماتى ۋە
خىزمەت نىزاملىرىنى بەلگىلىدى. يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار بۆلۈنۈپ
ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى، ھەر كىم ئۆز ئادەملىرىنى يىغىپ، يەنە بىر قېتىم
"غازات"تۇغىنى كۆتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرقى قۇتراتقۇلۇقىنى قىلدى.
12 -
ئاينىڭ 27-، 28 - كۈنلىرى، پەتھىددىن مەخسۇم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش
ئەترىتى يېنىدىكى يۈسۈپ داموللا بىلەن نىياز بەگ ئىككىيلەننىڭ ئۆيىدە 200
دىن ئارتۇق ئىشان مۇرىتىنى يىغىپ، دۇئا-تىلاۋەت ئۆتكۈزۈش نامى بىلەن
تەشكىلىي جەھەتتىن سەپەرۋەرلىك قىلىپ، ئالدامچىلىق تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى.
31-كۈنى يەنە ئۇلارنى باشلاپ، ئىسلامىيەت يولىدا كۈرەش قىلىپ ھايات قالساق
غازى، ئۆلسەك شېھىت بولىمىز دەپ كوللېكتىپ قەسەم ئىچتى، كېيىن كىشىلەرگە
كالتەك، خەنجەر، قىلىچ، ئارغامچا قاتارلىق توپىلاڭ قوراللىرى ۋە قول
چىرىغى، نان قاتارلىق بۇيۇملارنى تارقىتىپ بەردى.
مىللىي بۆلگۈنچىلەر ھەرىكىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان پەيتتە، خوتەن
ۋىلايەتلىك پارتكوم قاراقاش ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشتە ۋەىپىسى بولغان بىر
دىنىي زاتنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىكى ئابدۇھېمىد داموللا دىنىي يىغىلىشتىن
پايدىلىنىپ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، "ئىسلام ھۆكۈمىتى" قۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ دېگەن
دوكلاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم دەرھال جىددىي يىغىن
چاقىرىپ، دۈشمەن ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ
چىقتى ھەمدە ھەر قايسى ئورۇنلارغا قوغدىنىش ھەققىدە يوليورۇق بەردى. شۇنىڭ
بىلەن بىر ۋاقىتتا، خوتەن، لوپ، قاراقاش ناھىيىلىرىدە دىنىي زاتلار سۆھبەت
يىغىنى ئېچىپ، پارتىيىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ،
ئۇلارغا ئالدىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.
12-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئەھمەد باشچىلىقىدىكى بىر توپ كىشىلەر يېزا ئىگىلىك 3-
تۈەنگە ھۇجۇم قىلماقچى بولدى، لېكىن يېزا ئىگىلىك 3 - تۈەنىنىڭ تەييارلىقى
بارلىقىنى بىلىپ قېلىپ، يەڭگىللىك بىلەن ھۇجۇم قوزغاشقا پېتىنمىدى، شۇنىڭ
بىلەن ئەتىسى (30-كۈنى)، يەنى بازار كۈنى ئادەم كۆپ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ،
پۇرسەت كۈتۈپ ئاممىنى توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇترىتىشنى كېڭەشتى. 30-كۈنى
ئەھمەد قاتارلىقلار قاراقاش ناھىيە بازىرىغا كەلدى، بۇ چاغدا ۋىلايەتلىك
پارتكوم ئەۋەتكەن قوراللىق تەشۋىقات ئەترىتى ئاممىۋى يىغىن ئېچىپ، ئاممىغا
يامان كىشىلەرنىڭ ئالدىمىدىن ھۇشيار بولۇش ھەققىدە خىزمەت ئىشلەۋاتاتتى،
ئەھمەدلەر ئاشكارىلىنىپ قېلىشتىن قورقۇپ، ئۇزاق تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماي
تېزلا قېچىپ كەتتى. 31-كۈنى ئەھمەد قاتارلىقلار ھەممىلا جاينىڭ مۇداپىئەدە
تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، توپىلاڭدىن ئۈمىد ئۈزۈپ، بىر توپ توپىلاڭچىلارنى
باشلاپ 5-رايون تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنى بۇلىدى. ۋىلايەتلىك پارتكوم
ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال يېزا ئىگىلىك 3-تۇەنىنىڭ مۇئاۋىن
سەنمۇجاڭى دۇ شيۇچۈەننى ئەۋەتتى، ئۇ ئاممىنى باشلاپ بېرىپ، ئاممىنىڭ پاش
قىلىشى بىلەن، نەق مەيداندا باشلامچى ئۇنسۇر ئەھمەدنى قولغا ئالدى.
توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنغان بۇ بۆلگۈنچىلەر تارمار قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن
يەنە ئىككى بۆلەك ئادەم پىلانى بويىچە ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى. 31-كۈنى
كېچىدە، ئابدۇلھېمىد ئۆزى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، پەتھىددىن مەخسۇمنىڭ
قول ئاستىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ خوتەن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش
ئەترىتىگە يوشۇرۇن بېرىپ، خىش زاۋۇتى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ھويلىسىنى
قورشىۋالدى. ئۇلار قاراۋۇللارنىڭ تەييارلىقسىز تۇرغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ،
ئۇلارنى چېپىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن يوپۇرۇلۇپ ھويلىغا كىردى. ئۇلاردىن
بەش-ئالتىسى يېتەكچى فىڭ چېنشېڭنىڭ ياتىقىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇنى كارىۋاتتىن
تۇرغىچىلا كالتەكلەپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. بەنجاڭ ۋاڭ جەنكۈي ئاۋازنى ئاڭلاپ
مىلتىقنى ئېلىپ ئېتىلىپ چىقىپ، توپىلاڭچىدىن بىرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، لېكىن
ئارقىسىدىكى توپىلاڭچىنىڭ ئۇشتۇمتۇت زەربىسى بىلەن بېشى يارىلىنىپ ۋاپات
بولدى. بۇ چاغدا توپىلاڭچىلار جەڭچىلەر ياتىقىنىڭ ئىشىكىنى مەھكەم قامال
قىلىۋالغانىدى، جەڭچىلەر ئىچىدىن سىرتقا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ توپىلاڭچىدىن
بىرنى ئۆلتۈردى، ئىككىنى يارىلاندۇردى. توپىلاڭچىلار جەڭچىلەر مىلتىققا ئوق
سېلىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياتاققا بېسىپ كىردى، ياتاق كىچىك، ئادەم
كۆپ بولۇپ، مىلتىقنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئامال بولمىغاچقا، ئىككى
تەرەپ تۇتۇشۇپ قالدى، دۈشمەنلەر كۆپ، جەڭچىلەر ئاز بولغاچقا، دۈشمەن
ياتاقتىكى جەڭچىلەرنىڭ بىر قانچىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. يەنە بىر توپ
توپىلاڭچىلار ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى بىلەن ھېسابات قىلىۋاتاتتى، ئېلىشىشتا
خوجىلىق باشلىقى ئۆلۈپ كەتتى، ۋاڭ جېنخەي قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ
يالغۇز قېچىپ چىقىپ، چوڭ ئەترەت شىتابىغا بېرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى.
خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى توپىلاڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،
توپىلاڭنى تىنچىتىشقا دەرھال ج خ قىسمىنى ئەۋەتتى ھەمدە كېچىلەپ جىددىي
يىغىن ئېچىپ، توپىلاڭنى تىنچىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزدى، شەھەر بىخەتەرلىكىنى
قوغداش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، توپىلاڭنى
تىنچىتقۇچى قوراللىق قوشۇنىغا "كاتتىۋاشلارنى چوقۇم بىر تەرەپ قىلىش،
مەجبۇرىي ئەگەشكۈچىلەرنى سۈرۈشتۈرمەسلىك، تۆھپە كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش،
ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكەت بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغانلارنى قاتتىق بىر
تەرەپ قىلىش" فاڭجېنى بويىچە، باش جىنايەتچىلەر بىلەن مەجبۇرىي
ئەگەشكۈچىلەرنى ئەستايىدىل پەرق ئېتىش، ئۆزىمىزنى تولۇق قوغداش، يېنىكلىك
بىلەن ئوق چىقارماسلىق ھەققىدە يوليورۇق بەردى.
توپىلاڭچىلار ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئوتتۇرا ئەترىتىدە مەقسىتىگە
يەتكەندىن كېيىن، پەتھىددىن دەرھال جەڭچىلەردىن بۇلاپ ئالغان قوراللارنى
تايانچلارغا تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى تۈرمە دەرۋازىسىنى ئېچىشقا بۇيرۇدى
ھەمدە جىنايەتچىلەرنى توپىلاڭغا قاتنىشىپ، بىرلىكتە خوتەنگە ھۇجۇم قىلىشقا
قۇتراتتى. ئاندىن خۇكۈي (سابىق گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەمىنات پونكىتىنىڭ
پولكوۋنىك دەرىجىلىك باشلىقى، ھۆكۈمىتىمىز ئۇنىڭغا 20 يىللىق قاماق جازاسى
بەرگەن، ئۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىدە ماشىنا ھەيدەيتتى) نى ماشىنا
بىلەن ئۆزلىرىنى خوتەنگە ئاپىرىپ قويۇشقا مەجبۇرلىدى. يول ئۈستىدە
ئابدۇلھېمىد جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆزى بىلەن توپىلاڭغا قاتناشقۇسى يوقلۇقىنى،
ئالداپ كېلىنگەن ئادەملەرنىڭمۇ بارغانسېرى ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ،
بىر قانچە كاتتىۋاش بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى بىرەيلەننىڭ ھويلىسىدا يىغىن
ئېچىپ، بۆلۈنۈپ يوشۇرۇنۇشنى قارار قىلدى. ئۇلار يىغىن ئېچىپ بولۇپ قايتىپ
كېلىپ قارىسا شوپۇرنىڭمۇ قارىسى كۆرۈنمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى
بىلىپ، ھەممىسى بېشىنى ئېلىپ قاچتى.
ئۇزۇن ئۆتمەيلا ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەۋەتكەن توپىلاڭنى تىنچىتىش
خادىملىرى ماشىنا بىلەن يېتىپ كېلىپ، ئاختۇرۇپ تۇتۇشقا تەشكىللەپ، 30 دىن
ئارتۇق توپىلاڭچىنى قولغا ئالدى ھەمدە "ئىسلام كومىتېتى"نىڭ تەشكىلى
پروگراممىسى، ئەزالار تىزىملىكى، يىغىن خاتىرىسى، ھەرىكەت پىلانى، تامغىسى،
شاپىگرافىنى ۋە زور بىر تۈركۈم ئېلان، بايراق كالتەك-توقماق، پالتا-پىچاق
قاتارلىقلارنى قولغا چۈشۈردى. ئابدۇلھېمىد بىلەن بىرلىكتە يىغىن ئاچقان
ئالتە باش جىنايەتچى شۇ چاغدىلا قولغا چۈشتى، پەقەت ئابدۇلھېمىدلا
قورسىقىدا جىن بولغانلىقى ئۈچۈن بالدۇر قېچىپ كەتكەنىدى. 1955-يىل 1-ئاينىڭ
1-كۈنى، ج خ خادىملىرى يەنە خوتەن كوچىسىدا ئوندىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا
چۈشۈردى. ئۇلار قوللىرىغا كالتەك ياكى پالتا-پىچاق ئېلىۋالغانىدى،
كىيىملىرى قانغا بويالغانىدى، تۇرۇقىدىنلا توپىلاڭغا قاتناشقان باندىت
ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى. بۇ چاغدا، ئۇلار خوتەن
ئابدۇلھېمىد داموللا تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى دەپ ئويلاپ، كۆرەڭلىگەن
ھالدا تۆھپىسى ئۈچۈن تارتۇق ئالغىلى كېتىشىۋاتقانىدى.
لوپقا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلار 31-كۈنى كەچتە ئىمىن داموللىنىڭ
يېتەكچىلىكىدە خوتەن شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى شورلۇققا يوشۇرۇندى. مەمتىمىن
داموللا 60 تىن كۆپرەك ئادەمنى باشلاپ گۇجانباغ ئەتراپىغا يوشۇرۇنۇپ،
ئابدۇلھېمىد، پەتھىددىن خىش زاۋۇتىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن
بىرلىكتە لوپقا ھۇجۇم قىلىشنى كۈتتى. لېكىن، تاڭ ئاتقاندا ئاڭلىغىنى بىر
قىسىم تايانچلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىدىن باشقا خەۋەر بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن،
ئابدۇلھېمىد داموللا مۇرىتلىرىنى تاشلاپ قېچىپ كەتتى. قالغانلار تۇرىۋەرسە
ياخشىلىقتىن يامانلىق كۆپ بولىدىغانلىقىنى بىلىپ، ھەش-پەش دېگۈچە تاراپ
كېتىشتى، قېچىپ كېتىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن ئوندىن كۆپرەك كىچىك كاتتىۋاش
چارلاشقا چىققان ج خ خادىملىرىنىڭ قولىغا چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن، توپىلاڭ
تېزلىكتە تىنچىتىلىپ، پۈتكۈل ۋەزىيەت تىزگىنلەندى.
ئابدۇلھېمىد باشچىلىقىدىكى خوتەن توپىلىڭى پۈتۈنلەي دۆلەت ھاكىمىيىتىنى
ئاغدۇرۇش، ۋەتەننى پارچىلاشنى مەقسەت قىلغان ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭ.
ئۇلار چىقارغان ئېلانلاردا تەپتارتماستىن: "دىنىمىزنىڭ دۈشمىنى كومپارتىيە
مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنىنى بېسىۋېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنى، كان
مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقا مال - مۈلكىنى تالان-تاراج قىلدى، ئۆزلىرىنىڭ
قانۇنىنى ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنىڭ ئۈستىگە قويدى"؛ "ھازىر مىللىتىمىزنى
ئەمگەككە سېلىۋاتىدۇ، لېكىن ئەمگەك مېۋىلىرىنىڭ خوجايىنى قىلمايۋاتىدۇ"؛
"ئىسلام شەرىئىتىدە كۇپپارلار مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋالسا،
ئۇلارغا قارشى تۇرۇش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچى دېيىلگەن، ھازىر توپىلاڭ
كۆتۈرىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى" دېگەن. شۇ سەۋەبتىن، 1955-يىل 1-ئاينىڭ
1-كۈنى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى مەيداندا ئاممىۋى چوڭ يىغىن
ئېچىپ، كەڭ ھەر مىللەت خەلقىگە توپىلاڭچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى
ئاشكارىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، توپىلاڭچىلارنىڭ
ھەقىقىي قىياپىتىنى كۆرۈشكە، يەنە ئالدىنىپ قالماسلىققا چاقىردى. شۇنىڭ
بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەجبۇرىي ئەگەشكۈچىلەرگە دەرھال قورالنى تاشلاپ ج خ
ئورگانلىرىنىڭ غوللۇق ئۇنسۇرلارنى تۇتۇشقا ھەمكارلىشىشىنى، توپىلاڭچىلارغا
ئۆزلۈكىدىن ج خ ئورگانلىرىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، كەڭچىلىك بىلەن بىر
تەرەپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى رەسمىي ئۇقتۇردى.
ج ك
پ شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە
كومىتېتى تېزلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، توپىلاڭچىلارنى قولغا
ئېلىپ، قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى تۇتۇپ، قالدى-قاتتى ئىشلارنى ئوبدان بىر
تەرەپ قىلىپ، ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئەسلىگە
كەلتۈردى، كەڭ ئاممىنىڭ پائال قوللىشى ۋە ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا،
توپىلاڭغا قاتناشقان 140 نەچچە ئادەم قولغا چۈشتى، 70 تىن كۆپرەك ئادەم
ئۆزىنى مەلۇم قىلدى. ھۆكۈمەت تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، 27 جىنايىتى بار
غوللۇق ئۇنسۇرنى قولغا ئالغاندىن سىرت، تۇنجى قېتىملىق توپىلاڭنى
تىنچىتىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
ئازادلىق ھارپىسىدا، ئابدۇلھېمىد ئايۇپ قارىنىڭ ئازادلىق ئارمىيىنىڭ
شىنجاڭغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئاچقان ئۆزگىرىشكە تاقابىل
تۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندا ئابدۇلھېمىد ئازاد بولغاندىن كېيىن
قانداق قىلىپ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ئاكتىپلىق بىلەن
ئەقىل كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئىپادىسى جانلىق، ياخشى بولغاچقا، ئايۇپ قارى ئۇنى
خەلىپىلىك (ئىشاندىن تۆۋەن تۇرىدىغان دىنىي مەنسەپ) كە تەيىنلەپ، ئۇنىڭدىن
سوپىلار (ئىشان مەزھىپىنىڭ تالىپلىرى) نى پائال كۆپەيتىپ، ئىشان مەزھىپىنىڭ
تەسىر كۈچىنى زورايتىشنى تەلەپ قىلدى. مۇھەممەت ئىمىن چەت ئەلگە قېچىشتىن
بۇرۇن جەنۇبىي شىنجاڭدا يوشۇرۇنۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى، ئايۇپ
قارى يەنە ئابدۇلھېمىدنى مەخسۇس ئەلچى قىلىپ مۇھەممەت ئىمىننىڭ قېشىغا
تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىشكە ئەۋەتتى. ئابدۇلھېمىد بۇ
ئىشتىن ناھايىتى پەخىرلىنىپ، ئۆزىنى ئەتىۋارلىغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ
خۇدىنى يوقاتتى. ئۇ مۇھەممەت ئىمىن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن
ئايۇپ قارىنىڭ پىكرىنى يەتكۈزدى. ئارقىدىن قوشۇلۇپ قالارمىكىن دېگەن
ئۈمىدتە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆزىنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە چەت ئەلگە چىقىش
خىيالى بارلىقىنى ئېيتتى. كۆڭلىدىكى قورقۇنچ تۈپەيلىدىن، ئۇ بۇ سۆزنى
بىۋاسىتە ئېيتماي، يالغاندىن كەمتەر، سەمىمىي قىياپەتتە دېدى. مۇھەممەت
ئىمىن ئابدۇلھېمىدنىڭ جىددىيلىك چىقىپ تۇرغان ۋە ئۈمىد كۈتكەن كۆزىگە
قاراپمۇ قويماي:"سىلەر دېگەن ئاخۇن، كومپارتىيە سىلەرنى ھېچنېمە قىلمايدۇ،
مەن كۆپ بولسا بەش-ئالتە يىل، ئاز بولسا ئىككى-ئۈچ يىلدا قايتىپ كېلىمەن.
سىلەر بۇ يەردە قېلىپ سوپىلارنى كۆپەيتىڭلار، مەن قايتىپ كەلگەندە بىز
بىرلىكتە كومپارتىيىنى يوقىتىپ، ئىسلام ھۆكۈمىتىنى قۇرىمىز، ئۇ چاغدا سىز
كاتتا خىزمەت كۆرسەتكەن بولىسىز" دەپ ئۇدۇللا ئېيتتى. ئابدلۇھېمىد مۇھەممەت
ئىمىننىڭ بىراقلا رەت قىلىۋەتكەنلىكىدىن ئىنتايىن ئۆكۈندى، لېكىن ئۇنىڭ
كېيىنكى بىر ئېغىز سۆزىنى ئويلاپ يەنىلا روھلىنىپ، ئۆلگۈچە نىيىتىدىن
يانماي ئىشلەش قارارىغا كەلدى.
ئابدۇلھېمىد خوتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىشان مەزھىپىنىڭ تەسىر كۈچىنى
زورايتىپ، يېقىنلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئادەملىرىنى تەربىيىلەشكە كىرىشتى،
بولۇپمۇ 30-يىللاردا مۇھەممەت ئىمىن توپىلىڭىغا قاتناشقانلارنى تاللاشقا
ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنى نۇقتىلىق تەربىيىلىدى. ئابدۇلھېمىد
مۇرىتلىرىنىڭ ئالدىدا سالاپەت بىلەن ئولتۇرۇپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك دىن
ئاساسچىلىرى قىياپىتىگە كىرىۋالغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە كۆڭلىدە ھەم
تىت-تىت بولاتتى ھەم قورقاتتى، ئەتىدىن كەچكىچە دەككە-دۈككىدە بىر كۈننى
بىر يىلدەك ئۆتكۈزۈشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دەرھال توپىلاڭ قوزغاپ مۇۋەپپەقىيەت
قازانسام دەيتتى. 1950-يىلى 3-ئايدا، ئابدۇلھېمىد يەنە بىر قېتىم يەكەنگە
كېلىپ ئايۇپ قارىغا ئۆزىنىڭ دىن مۇرىتلىرىنى كۆپەيتىش ئەھۋالىنى دوكلات
قىلىپ، شارائىت پىشىپ يېتىلدى، توپىلاڭنى قوزغىساق بولىدۇ دەپ قارىدى ھەمدە
ئايۇپ قارىنىڭ توپىلاڭنى باشلاش ۋاقتى، كونكرېت پىلان ھەققىدە ئۆز پىكرىنى
ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئايۇپ قارى: "ئادەم سانى يەنىلا بەك ئاز
ئىكەن، مۇرىتلار تېخى پۈتۈن ۋىلايەتكىچە كېڭەيمەپتۇ"دەپ، دەرھال توپىلاڭ
قوزغاشقا قوشۇلمىدى ھەمدە ئۇنىڭغا سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇش، تەسىر
كۈچىنى داۋاملىق زورايتىش ھەققىدە نەسىھەت قىلدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىدى، جياڭ جيېشىمۇ چوڭ قۇرۇقلۇققا
قايتۇرما ھۇجۇم قىلىمىز دەپ جار سالدى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مىللىي
بۆلگۈنچىلەر پۇرسەت يېتىپ كەلدى دەپ ھېسابلىدى. 9 - ئايدا، مۇسا خەلىپە
ئايۇپ قارىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە تايانچلارنى يىغىپ
يىغىن ئېچىپ، خوتەن مۇھەممەت ئىمىننىڭ يۇرتى، ئۇ يەردە ئىشان مەزھىپىنىڭ
تەسىر كۈچى زور، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھەممەت ئىمىن سالغان ئاساس بار، شۇڭا،
ئالدى بىلەن خوتەندە توپىلاڭ كۆتۈرەيلى دەپ قارار قىلدى.
ئابدۇلھېمىد بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، دەرھال ھەرىكەتكە ئاتلاندى.
لېكىن ئۇ ئالاقە باغلاپ توپىلاڭنى ئۇيۇشتۇرۇش داۋامىدا مۇرىتلارنىڭ
توپىلاڭغا ئۆزى ئويلىغاندەك ئۇنداق قىزىقمايدىغانلىقىنى سەزدى، چۈنكى ئۇلار
يەرگە، مال-مۈلۈككە ئېرىشكەنىدى، دېھقانلار ئۇيۇشمىسىغا قاتناشقانىدى،
ئۇلار كومپارتىيە ياخشىكەن دەپ ئېغىزدىن چۈشۈرمەي ماختىشاتتى. ئابدۇلھېمىد
بىر قانچە قېتىم بۇرنىغا يېگەندىن كېيىن، ئىشتىن چاتاق چىقىپ، توپىلاڭ
كۆتۈرەلمەي قالساق، ئالدى بىلەن ئۆزۈم ئاشكارىلىنىپ قالارمەنمىكى دەپ
ئەنسىرىدى. شۇنىڭ بىلەن پىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە دىندىن
پايدىلىنىپ قانۇنسىز ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللاندى. ھېلىمۇ ئۇ ئاخۇن بولغاچقا،
قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە بولۇۋالدى. شۇڭا ئۇ كەنتمۇ-كەنت،
مەھەللىمۇ-مەھەللە يۈرۈپ دىن تارقىتىپ، مۇرىتلىرىنى كۆپەيتتى ھەمدە
ئاكتىپلىق بىلەن خەلپە تەربىيىلەپ، يەنە خەلىپىلەر ئارقىلىق مۇرىت
يېتىشتۈردى. 1950-يىلىدىن 1954-يىلغىچە، ئابدۇلھېمىد خوتەن، قاراقاش، لوپ،
گۇما، قاغىلىق قاتارلىق جايلاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 28 خەلپە تەربىيىلىدى
ۋە تەيىنلىدى، 15 مىڭدىن كۆپرەك مۇرىت يېتىشتۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوتەن
ۋىلايىتىدىكى ئىشان مەزھىپىنىڭ چوڭ ئىشانىغا ئايلىنىپ، ئۇنىڭ تەسىرى پۈتۈن
خوتەن ۋىلايىتىگىچە تارالدى. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى خەلىپىلىرى ۋە يېقىن،
ئىشەنچلىك مۇرىتلىرى ئۇنى بولۇشىغا ئۇچۇرۇشتى، يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنىڭ
ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈشى بىلەن، ئۇنىڭ دىن مۇرتلىرى ئىچىدىكى ئابرۇيى
بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، قاراقاش ئەتراپىدا ئۇنى تېخى مۇرتلار
"ئەۋلىيا"دەپ كۆككە كۆتۈردى.
ئابدۇلھېمىدنىڭ تەلىيىنىڭ ئوڭدىن كېلىپ قېچىپ كېتەلىشى ئۇنىڭ راستتىنلا
قانداقتۇر "ئەۋلىيا" بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ توپىلاڭنىڭ باشقا
كاتتىۋاشلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ قۇۋ، ھىيلىگەر بولغانلىقى، ئاز-تولا شەپە
سەزگەن ھامان دەرھال قۇيرۇقىنى خادا قىلغانلىقىدا.
ئابدۇلھېمىدنىڭ ئۆزلۈكىدىن ھەقىقەتكە قايتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خەلق
ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا قارىتا كەڭچىلىك قىلىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ئۇ جىنايەت
ئۆتكۈزۈشنى توختىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلسىلا، ئۇنىڭ
ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ دەپ كۆرسەتتى. لېكىن
ئابدۇلھېمىد توۋا قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە داۋاملىق قالايمىقانچىلىق
تۇغدۇردى. ئۇ يەنە قاراقاش ناھىيىسىدىكى باقى داموللا، بارات داموللا،
جاپپار، نۇرچانگا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭى توپىلاڭ پىلانلىدى.
ئۇلار مەخپىي ھالدا: ئالدى بىلەن قاراقاش ناھىيىسى 0-رايون يېزا ئىگىلىك
3-تۇەنىگە ھۇجۇم قىلىپ، قورالنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن قاراقاش
ۋە خوتەن ناھىيىسىنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىش؛ ئاندىن كېيىن بىر تۈركۈم ئۇچىغا
چىققان دىنىي ئۇنسۇرلار بىلەن قورچاق ئارمىيە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى
ناماز ئوقۇش نامى بىلەن يىغىپ يىغىن ئېچىپ، ئاشلىق، پۇل، قورال-ياراغ
توپلاش، توپىلاڭدا ئىشلىتىدىغان قاتىللىق قورالى ياساشنى قارار قىلدى.
ئۇلار يەنە يېقىن، ئىشەنچلىك سوپىلىرى ئارقىلىق مەسچىتنىڭ ئىماملىرى،
مەدرىسىلەردىكى تالىپلار، ئەكسىيەتچى پومېشچىك، زومىگەر ۋە جېدەلخور،
لۈكچەكلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ تەشكىلاتىنى كېڭەيتتى ھەمدە: "يېزا ئىگىلىك
3-تۇەنى ھەقىقەتكە قايتقان قوشۇن، ئۇنىڭدا بىزنىڭ ئادىمىمىز بار، رايون
باشلىقلىرى ئىچىدە بىزنى قوللايدىغانلار بار" دەپ پىتنە-ئىغۋا
تارقاتتى،"پۈتۈن دۇنيا ئىسلام ھاكىمىيىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ،
ئەتە ئىسلام ھۆكۈمىتى دۇنياغا كېلىدۇ" دەپ ئاممىنى ئالدىدى.
1956-يىل 3-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈن نىسپىدە، پالتا، پىچاق، كالتەك، توقماق
قاتارلىق قاتىللىق قوراللىرىنى كۆتۈرۈۋالغان 200 توپىلاڭچى مەخپىي ھالدا
يېزا ئىگىلىك 3-تۇەنى ئەتراپىغا يىغىلىپ، يېزا ئىگىلىك 3 - تۇەنگە
ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، قورال-ياراغنى قولغا چۈشۈرمەكچى بولدى. 10-كۈنى
سەھەردە نۇرچانگا، جاپپار، يۇنۇس قارى قاتارلىق كىشىلەر قاتىللىق قورالىنى
ئېلىپ باشلامچىلىق بىلەن يېزا ئىگىلىك 3-تۇەنى تۇرۇشلۇق جايغا بېسىپ كىردى.
يول ئۈستىدە توپىلاڭچىلار بىر چارلىغۇچى جەڭچىنىڭ دىققەتسىزلىكىدىن
پايدىلىنىپ، ئۇنى ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە پالتا چېپىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپ،
ئۇنىڭ قورالىنى تارتىۋالدى. قورالغا ئېرىشكەندىن كېيىن، توپىلاڭچىلارنىڭ
خورىكى تېخىمۇ ئۆسۈپ، ئۇدۇل تۈەن مەيدانىغا يېقىن جايدىكى رازۋېدكا
گۇرۇپپىسىغا قاراپ ماڭدى. رازۋېدكا گۇرۇپپىسىدىكى جەڭچىلەر ئامالسىزلىقتىن
ئوق چىقىرىپ ئۆلتۈردى، باشقا توپىلاڭچىلار تاراپ كەتتى. يېزا ئىگىلىك
3-تۇەنىدىكى قوراللىق خادىملار ۋە كادىر، ئامما ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ يېتىپ
كېلىپ نەق مەيداندىلا 29 غوللۇق ئۇنسۇرنى قولغا ئالدى.
توپىلاڭ مەغلۇپ بولدى، لېكىن پەردە ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئابدۇلھېمىد
نىيىتىدىن يانماي، داۋاملىق توپىلاڭ قوزغاش كويىدا بولدى. ئۇنىڭ قۇترىتىشى
بىلەن باقى داموللا، تۇرسۇنئاخۇن ئىمام، ئەخمەت ھاجى قاتارلىق كىشىلەر 5-،
9- رايوندىكى مەسچىتكە بېرىپ، دىننى نىقاب قىلىپ، ناماز ئوقۇغىلى كەلگەن
مۇرتلارنى قۇتراتتى، ئۇلارنىڭ ئالدىشى، مەجبۇرلىشى بىلەن 300 دىن ئارتۇق
ئەر-ئايال مۇرت قوللىرىغا قاتىللىق قورالى ئېلىپ، "كومپارتىيىنى
يوقىتايلى"، "كۇپپارلارنى ئۆلتۈرەيلى"، "ياشىسۇن ئىسلام ھۆكۈمىتى" دېگەندەك
شوئارلارنى توۋلاپ، 5-رايوننىڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا ھۇجۇم قىلغىلى
ماڭدى، بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ يېتىپ كەلگەن خوتەن خەلق ساقچىلىرى ئوتتۇرا
ئەترىتى ئۇلارنى يېرىم يولدا توسۇۋالدى. ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ رەھبەرلىرى
توپىلاڭچىلارغا ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر-پەرمانىغا بويسۇنۇپ، قايتىپ بېرىپ
ئىشلەپچىقىرىشقا قاتنىشىش ھەققىدە نەسىھەت قىلدى. لېكىن توپىلاڭچىلار
ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە ۋەھشىيلەرچە ئۇلارغا
ئېتىلىپ، ئۇلارنىڭ قورال-ياراغلىرىنى تارتىۋالماقچى بولدى. خەلق ساقچىلىرى
ئوتتۇرا ئەترىتى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئوق چىقىرىپ، ئاق بايراق كۆتۈرۈپ
توپىلاڭچىلارغا قوماندانلىق قىلىۋاتقان ئۈچ توپىلاڭچىلار كاتتىۋېشىنى ئېتىپ
ئۆلتۈردى. بۇ چاغدا، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىرىمۇ نەق مەيدانغا
يېتىپ كېلىپ، مەيداندىكى ئاممىغا پارتىيىنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ،
توپىلاڭنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ جىنايىتىنى پاش قىلىپ، ئاممىنى ئۇلارنىڭ
ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرمەسلىككە چاقىردى. رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى
رەھبەرلىرىنىڭ تەشۋىق-تەربىيىسى ئارقىسىدا، ئالدانغان ئامما ئويغىنىپ،
ئارقا-ئارقىدىن قوللىرىدىكى پالتا، پىچاقلارنى تاشلىۋەتتى ھەمدە
قۇتراتقۇلۇق، قاتىللىق قىلغان جىنايەتچىلەرنى كۆرسىتىپ بەردى، باقى
قاتارلىق 12غوللۇق ئۇنسۇر نەق مەيداندا قولغا ئېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر
ۋاقىتتا، ئۈچ دانە تاللىق مىلتىق ۋە نۇرغۇن پالتا، چەيدۇ، پىچاق، كالتەك
قاتارلىق قاتىللىق قوراللىرى ئولجا ئېلىندى، 2-قېتىملىق توپىلاڭ
تىنچىتىلدى.
تېزىنى باسسا مېزى چىقىپتۇ دېگەندەك، پەردە ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇپ كۈن نۇرىنى
كۆرۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان ئابدۇلھېمىد بۇ چاغدا خۇددى بىر خەتەرلىك
ئەرۋاھتەك نەمۇ نە يۈرۈپ قۇتراتقۇلۇق قىلدى. ئۇ قاراقاش توپىلىڭىنى
پىلانلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە لوپتىكى ئابدۇقادىر، ئەبەيدۇللا قاتارلىق
كىشىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ لوپ توپىلىڭىنى پىلانلىدى.
ئەبەيدۇللا ئەسلىدىلا ئابدۇلھېمىدنىڭ ئىشەنچلىك سوپىسى بولۇپ، ئۇنىڭ
سۆزىدىن چىقمايتتى. ئۇ ئىلگىرى لوپتىكى ئاسىم مازىرىدا ئابدۇقادىر بىلەن
بىرلىكتە دىندا ئوقۇغان. ئۇ چاغلاردا ئۇلار دائىم بىرلىكتە خەلق ھۆكۈمىتىگە
بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. ھازىر ئابدۇلھېمىدنىڭ قوللىشىغا
ئېرىشكەنلىكتىن، ئازادلىقتىن كېيىن جازالانغان، زەربىگە ئۇچرىغان
پومېشچىكلار، بايلار، ئەكسىلئىنقىلابچىلار، يامان كىشىلەر ۋە جېدەلخور،
لۈكچەكلەرنى ئۆزىگە تارتىپ تەشكىلات قۇرۇپ، توپىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولغان.
1956-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئابدۇقادىر، ئەبەيدۇللا قاتارلىقلار توپىلاڭ
كۆتۈرۈش سۇيقەستى ھەققىدە تۇنجى قېتىم يىغىن ئېچىپ، ئەزا تەرەققىي
قىلدۇرۇش، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى ۋە توپىلاڭ كۆتۈرۈش ۋاقتى
قاتارلىقلارنى مۇھاكىمە قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە كۆپ قېتىم يىغىن
ئېچىپ، قورال-ياراغ تەييارلاش، خىراجەت توپلاش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە
مەخپىي كېڭەشكەن. توپىلاڭغا تەشكىللەش ۋاسىتىسى جەھەتتە، دىندىن پايدىلىنىپ
دىنىي مۇرتلارنى توپىلاڭغا قاتنىشىشقا قۇتراتقاندىن سىرت، يەنە ئاممىنىڭ
ئاشلىقنى بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، بىر تۇتاش سېتىشقا ۋە ھەمكارلىق
ھەرىكىتىدىكى بەزى خاتالىقلارغا بولغان نارازىلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ،
"بۇنداق ئازاب چەككۈچە ھۆكۈمەت بىلەن ئېلىشقان ياخشى"دەپ قۇتراتقۇلۇق
قىلغان ھەمدە ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇپ، ئاشلىق ئامبىرى، ماددي ئەشيا
ئامبىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، خەلققە ئاشلىق ۋە ماددىي بۇيۇم بۆلۈپ بېرىمىز دەپ
ئاممىنى توپىلاڭغا قاتنىشىشقا قۇتراتقان ۋە قىزىقتۇرغان. 5-ئاينىڭ 3-كۈنى،
ئابدۇقادىر 50 تىن كۆپرەك تايانچى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، "ئىسلام جۇمھۇرىيىتى"
دېگەن ۋىۋىسكىنى ئاسقان. ئابدۇقادىر "جۇمھۇرىيەت"نىڭ رەئىسى، قوشۇمچە
توپىلاڭنىڭ باش قوماندانى، ئەبەيدۇللا مۇئاۋىن رەئىس، قوشۇمچە مۇئاۋىن باش
قوماندان بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار يەنە سىياسىي كومىسسار،
تۈەنجاڭ ۋە تۆت يىڭجاڭ تەيىنلىگەن. ئابدۇقادىر جەڭدىن بۇرۇن سەپەرۋەر
قىلىپ: "ئومۇمەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى جەڭگە
قاتنىشىشى كېرەك، ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتى"
دېگەن. يىغىندىن كېيىن، ئەبەيدۇللا توپىلاڭچىلارنى باشلاپ سايدا ھەربىي
مەشىق قىلدۇرغان.
1956-يىل 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەتىگەندە، ئابدۇقادىر، ئەبەيدۇللا قاتارلىقلار
ئەكسىيەتچى دىنىي كاتتىۋاشلار ۋە ئۆزگەرتىشكە قارشى دۈشمەن ئۇنسۇرلاردىن
260 كىشىنى توپلاپ ۋە قىسمەن كوممۇنا ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئەگەشتۈرۈپ،
"ئىسلام جۇمھۇرىيىتى"دېگەن خەت يېزىلغان بايراقنى كۆتۈرۈپ، "كومپارتىيىنى
يوقىتايلى"، "ياشىسۇن ئىسلام جۇمھۇرىيىتى"، "ياشىسۇن ئابدۇلھېمىد داموللام"
دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ، قولىغا چەيدو، پالتا، پىچاق، كالتەك، توقماق
قاتارلىق قاتىللىق قوراللىرىنى ئېلىپ، لوپنىڭ 4-رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ،
رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنى ئىگىلىۋالدى، ئاشلىق پونكىتى، ماددىي-ئەشيا
ئامبىرى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە ئامانەت قەرز كوپىراتىپىنى بۇلىدى، ج خ
كادىرى مەتيۈسۈپ بىلەن ئۈچ خىزمەتچى خادىمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، بەش ئادەمنى
يارىلاندۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوننىڭ ئورگان كادىرىدىن 11 نى
گۆرۆگە ئېلىۋالدى، رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بىر تامغىسىنى، بىر مىلتىق، بىر
تاپانچا، 1000 يۈەندىن كۆپرەك خەلق پۇلى ۋە ئاشلىق قاتارلىق باشقا ماددىي
ئەشيالارنى بۇلاپ كەتتى. ئابدۇقادىر ئادەم ئۆلتۈرۈپ، بۇلاڭچىلىق قىلىپ
بولغاندىن كېيىن، كۈچىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ھېس قىلىپ سەل قورقتى. مەسلىھەت
قىلىشقاندىن كېيىن، جۈمە مازىرىغا بېرىپ، ساختىپەزلىك قىلىپ، ئۇ يەردە
ناماز ئوقۇۋاتقان مۇرتلارنى ئالداپ: "مازاردىن ۋەھىي كەلدى، بىزنى ئىسلام
ئىنقىلابى قوزغاشقا چاقىردى"، "بىز ئىشنى باشلىساقلا مۇھەممەت ئىمىن قوشۇن
باشلاپ قايتىپ كېلىدۇ"، دەپ ئۇ يەردىكى ئاممىنىڭ ھەممىسىنى ئالدام
خالتىسىغا چۈشۈردى، ئاندىن ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ لوپ ناھىيىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا
ئاتلاندى. يول ئۈستىدە ئۇلار دەرەخ بىلەن يولنى توسۇۋەتتى، ناھىيە بازىرىغا
ئۇلىنىدىغان تېلېفون سىمىنى ئۈزۈۋەتتى، يەنە يول بويى بىر قىسىم كوممۇنا
ئەزالىرىنى ئۆزىگە مەجبۇرىي ئەگەشتۈرۈپ، توپىلاڭچىلار سانىنى بىراقلا 1300
دىن كۆپرەككە يەتكۈزۈپ، ئۇۋىسىدىن چىققان ھەرىدەك ناھىيە بازىرىغا
يوپۇرۇلۇپ كەلدى.
بۇ
چاغدا، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى لوپ 4-رايونىدا توپىلاڭ يۈز
بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، بىر تەرەپتىن ج خ كادىر-ساقچىلىرىنى ئەھۋال
ئىگىلەپ كېلىشكە ئەۋەتتى، يەنە بىر تەرەپتىن، بىر تۈركۈم كادىرنى قوراللىق
ساقچى قىسىم جەڭچىلىرىنى باشلاپ ئۇ يەرگە ئاتلىق بېرىپ، توپىلاڭنى
تىنچىتىشقا ئەۋەتتى. لوپقا بەش كىلومېتىر قالغان جايدا قوراللىق ساقچى
قىسىم لوپقا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن كەلگەن توپىلاڭچىلار قوشۇنى بىلەن ئۇچرىشىپ
قالدى. قوراللىق ساقچى قىسىم بىلەن كەلگەن كادىرلار سىياسىي ھۇجۇمنى
باشلاپ، ئاز ساندىكى بۆلگۈنچىلەرنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇترىتىش سۇيقەستىنى
پاش قىلىپ، توپىلاڭچىلارغا دەرھال ھەرىكىتىنى توختىتىش، ئالدام خالتىغا
چۈشمەسلىك ھەققىدە نەسىھەت قىلدى. توپىلاڭچىلار قوشۇنى باش پىلانلىغۇچىنىڭ
قۇترىتىشى بىلەن نەسىھەتكە قۇلاق سالماي ئەكسىچە ۋەھشىيلەرچە ئادەم ئۇرۇپ،
قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرىنىڭ قورال-ياراغ، ئوق-دورىلىرىنى بۇلىدى،
نۇرغۇن كادىر ۋە جەڭچىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇردى. توپىلاڭنى تىنچىتقۇچى
كوماندىر-جەڭچىلەر زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،
ئۇلار ئۇرسا قول ياندۇرماي، تىللىسا جاۋاب قايتۇرماي، زىيانكەشلىككە ئۇچراش
خەۋپىگە قارىماي داۋاملىق سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارغا نەسىھەت قىلدى.
توپىلاڭچىلار كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ يول قويغىنىنى قورقتى دەپ بىلىپ، ئۇرۇش،
بۇلاشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. توپىلاڭچىلارنىڭ قورالنى تارتىۋالغاندىن كېيىن
تېخىمۇ چوڭ زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، توپىلاڭنى
تىنچىتقۇچى قىسىم كەسكىنلىك بىلەن ئوق چىقىرىپ، نەق مەيداندىلا ۋەھشىيىلىك
قىلغان توپىلاڭچىدىن 15 نى ئېتىپ ئۆلتۈردى. بۇ چاغدا، توپىلاڭچىلار
قوشۇنىغا مەجبۇرىي ئەگەشكەن زور كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئويغىنىپ، قوللىرىدىكى
قاتىللىق قورالىنى تاشلاپ، قىسىمنىڭ ۋەھشىيىلىك، بۇلاڭچىلىق قىلغانلارنى
تۇتۇشىغا ياردەملەشتى. ج خ خادىملىرى ئابدۇقادىر باشچىلىقىدىكى 20 دىن
كۆپرەك غوللۇق ئۇنسۇرنى قولغا ئېلىپ، توپىلاڭنى تىنچىتتى.
ئابدۇلھېمىد بارلىق يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ قوزغىغان مىڭدىن كۆپرەك
كىشىلىك توپىلاڭنىڭ مۇنداق ئاسان تىنچىتىلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن
ئىدى. ئۇ ھەم ئاچچىقلاندى، ھەم تىت-تىت بولدى، ئۇنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە
ئوتتۇرىغا چىقىپ تازا بىر تۇتۇشقۇسى كەلدى. لېكىن بۇ چاغدا جەمئىيەتتە ئۇنى
تۇتۇش ساداسى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى، شۇڭا ئۇ سەل بىخەستەلىك قىلىپ قويسام،
خەق چېقىپ قويامدىكىن دەپ، تالا-تۈزىگە چىقىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، كۈنبويى
دەككە-دۈككىدە ئۆتتى. توپىلاڭچىلار توۋلىغان "ئۆلسەك شېھىت، ھايات قالساق
غازى"، "ئىسلامىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ شېھىت بولساق جەننەتكە كىرىمىز"
دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭدىن چىققان بولسىمۇ، لېكىن
بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغان، ساختا سۆز ئىكەنلىكى، بۇ شوئارلارنى مەخسۇس
ئاشۇ نادان دىن مۇرتلىرىنى ئالداش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى،
ئۇ ئۆلۈشنى خالىمايتتى، قانداقتۇر جەننەتكە كىرىشنىمۇ خالىمايتتى.
بۇ چاغدا، خەلق ھۆكۈمىتى يەنىلا داۋاملىق ئابدۇلھېمىدنى قولغا كەلتۈرۈش،
قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئاشكارا خەت
ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، كەڭچىلىككە ئېرىشىش ھەققىدە نەسىھەت
قىلدى. لېكىن بۇ چاغدا، ئابدۇلھېمىد ئاخىرىغىچە جاھىللىق بىلەن قارشىلىشىش
قارارىغا كەلگەنىدى. شۇڭا بىخەتەر بولسۇن ئۈچۈن، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ
مەخپىي يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي ئابدۇلھېمىد قاراقاش ناھىيىسىدە خېلىچىخان دېگەن بىر
ئايالىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ دائىم ئاممىنى يىغىپ كېچىچە قۇرئان ئوقۇپ
چىقىدىغانلىقىنى ھەمدە شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان
نارازىلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، قورسىقىغا جىن كىردى. خېلىچىخان
مېلىك ھەزرەت (1933-يىلى قۇرۇلغان قورچاق ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن
رەئىسى) نىڭ ئاسراندى قىزى شۇنداقلا ئۇ دەسلەپكى مەزگىللەردە تەرەققىي
قىلدۇرغان سوپى بولۇپ، بۇ يىل 30 ياشتا ئىدى. ئۇ راھەتكە يۈگرەيدىغان،
جاپادىن قاچىدىغان ئايال بولۇپ، ئون نەچچە ئەرگە تەگكەن، نەشە چەككەنلىكى،
پاھىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىپ تەكشۈرۈلگەن.
يېقىندا ئۇ يەنە ھەسەن دېگەن بىر نەشىكەش بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇپ بىر
ئۆيدە تۇرۇۋاتقانىدى. ئابدۇلھېمىد ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كۈچ توپلاپ، يەنە
بىر قېتىم توپىلاڭ قوزغاش نىيىتىگە كەلدى.
خېلىچىخان ئابدۇلھېمىد داموللىنىڭ ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇش چوڭ ئىشىنى
مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ئۆزى بىۋاسىتە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن خۇدىنى
يوقىتىپ، ئۆلگۈچە ئۇنىڭ سۆزىدىن چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدىن
ئېتىبارەن، ئۇ ھەسەن بىلەن بىرلىكتە ئابدۇلھېمىد داموللىنىڭ بايرىقىنى
كۆتۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كۈچلۈك دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ،
ساختىپەزلىك قىلىپ زور تۈركۈم ئاممىنى مازارنى تاۋاپ قىلىشقا قايمۇقتۇرۇپ
ھەمدە شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ،
كىشىلەرنى ئازدۇردى. خېلىچخان ئۆزىنى "ئايال ئەۋلىيا" دەپ ئاتاپ، مازارنى
تاۋاپ قىلىپ كەلگەنلەرگە: "ھەممىمىز ئابدۇلھېمىد داموللامنىڭ مۇرتلىرى، بىز
ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك" دېدى. ئۇ يەنە فېئودال
خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ "بىز توپىلاڭ كۆتۈرسەك، ئاللا بىزنى يۆلەيدۇ" دەپ
ئاممىنى ئەخمەق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە نەشە چېكىش
قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىر قىسىم نەشىكەشلەر ۋە لۈكچەكلەرنى ئۆز
يېنىغا تارتتى.
1957-يىل 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، خېلىچىخان، ھەسەنلەر تايانچلارنى يىغىپ يىغىن
ئېچىپ، توپىلاڭ قوزغاشنى پىلانلىدى. خېلىچىخان بىلەن ھەسەن "ئىسلام
ھۆكۈمىتى" نىڭ رەئىسى بولدى، ئۇلار يەنە مۇئاۋىن رەئىس، توپىلاڭنىڭ
قوماندانى ۋە تۈەنجاڭ، سەنموجاڭ قاتارلىق چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلارنى بېكىتىپ،
4-ئاينىڭ 17-كۈنى يەنى ئىسلام دىنى بويىچە رامىزاننىڭ ئون يەتتىسى توپىلاڭ
كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى. ئالدى بىلەن خوتەن ناھىيىسى 6-رايونلۇق ھۆكۈمەتكە
ھۇجۇم قىلىپ، ئاندىن تەرتىپ بويىچە بانكا، ئاشلىق ئامبىرى، تەمىنات-سودا
كوپىراتىپىنى بۇلاش، يىپەكچىلىك فابرىكىسىغا ھۇجۇم قىلىش، ئەڭ ئاخىرى خوتەن
ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، "ئىسلام ھۆكۈمىتى" قۇرۇشتىن ئىبارەت توپىلاڭ
لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقتى.
4-ئاينىڭ 15-كۈنى، خېلىچىخان 150 تىن كۆپرەك ئادەمنى يىغىپ، خوتەن
6-رايونىدىكى مازاردا توپىلاڭدىن بۇرۇنقى تەييارلىق ئىشلىرىنى ئىشلىدى. ئۇ
چاغدا، خوتەن ناھىيىلىك پارتىيە كومىتېتى بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ بولغانىدى.
شۇڭا ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ناھىيە، رايون كادىرلىرى
ۋە ج خ كادىر، ساقچىلىرى بولۇپ 20 دىن كۆپرەك ئادەمنى نەق مەيدانغا ۋەقەنى
تىنچىتىشقا ئەۋەتتى. خېلىچىخان ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچى خادىم ئەۋەتكەنلىكىنى
كۆرۈپ ئىشنى يىغىشتۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئەكسىيەتچىل خورىكى تېخىمۇ
ئۆسۈپ، باشلامچىلىق بىلەن قاتىللىق قورالى ئارقىلىق خىزمەتچى خادىملارنى
ئۇردى. خىزمەتچى خادىملار ئارىسىدا دىنىي زاتلارمۇ بولغاچقا، خېلىچىخان
ئاممىنىڭ ئۇلارنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلاپ توپىلاڭنى توختىتىپ قويۇشىدىن قورقۇپ،
ئاممىنىڭ ئالدىدىلا ئىشتىنىنى سېلىپ ئۇلارنى ئاغزىغا كەلگەنچە تىللاپ،
ھاقارەتلەپ، ئاممىنى جېنىنىڭ بارىچە قۇتراتتى. خېلىچىخاننىڭ قۇترىتىشى
بىلەن توپىلاڭچىلار قاتىللىق قورالىنى ئېلىپ خىزمەتچى خادىملار بىلەن
كادىر، ساقچىلارنى قورشىۋېلىپ، ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ئۇرۇشقا باشلىدى. ئۇلار
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، خوتەن ناھىيىلىك سىياسىي
كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ناسىر ھاجىنى ئۇرۇپ قىيناپ ئۆلتۈرۈۋەتتى، ئۈچ
كادىر-ساقچىنى ئۇرۇپ زەخىملەندۈردى، ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن
رەئىسى مۇمەممەت سالى مۇپتىنىمۇ يارىلاندۇردى ھەمدە ئۈچ مىلتىقنى
تارتىۋېلىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ يېنىدىكى پۇل-مېلىنى قۇرۇتىۋەتتى. خوتەن
ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەۋەتكەن قوراللىق ساقچى قىسىم ئۇ يەرگە يېتىپ
بارغاندا خېلىچىخان ئەسەبىيلەرچە:"كۆپچىلىك قورقماڭلار، بىز خۇدا دەپ
توۋلايدىغانلا بولساق، ئۇلارنىڭ قولىدىكى مىلتىقتىن ئوق چىقمايدۇ، ئۇ
كاپىرلارمۇ بىزگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ.... مۇھەممەت ئىمىن 7000 ئادەمنى باشلاپ
تەۋەككۈل (خوتەن 8-رايون) نى ئىگىلىدى، ئۇلار ئايروپىلان، ماشىنا بىلەن
بىزنى ئالغىلى كېلىدۇ... " دەپ ۋارقىرىدى. خېلىچىخاننىڭ قۇترىتىشى بىلەن
نەق مەيداندا تۇرغان 60 تىن كۆپرەك توپىلاڭچى قوراللىق ساقچى قىسىم
جەڭچىلىرىگە تەلۋىلەرچە زوراۋانلىق قىلدى. قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى
ئامالسىز ئوق چىقىرىپ باش جىنايەتچى ھەسەن تۇردى باقىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى،
ئالتە ئادەمنى ئېتىپ يارىلاندۇردى، 37 ئادەمنى قولغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن 4
- قېتىملىق توپىلاڭ تىنچىتىلدى.
(3)
ھەر مىللەت ئاممىسى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسىي قوشۇن
1954-يىلىدىكى 1-قېتىملىق توپىلاڭدىن تاكى 1957-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان
ئارىلىقتا، خوتەندە كۆلىمى ئوخشاش بولمىغان سۇيىقەست، توپىلاڭ دېلوسىدىن
جەمئىي 14 ى ئالدىن پىلانلاندى ۋە يۈز بەردى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ توغرا
رەھبەرلىكى، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنىڭ ياردىمى، قوللىشى ئارقىسىدا،
ئۇنىڭ ئۇنى سۇيىقەست ئىشقا ئاشقۇچە تار- مار قىلىندى، تۆت قېتىملىق
توپىلاڭمۇ تېزلىك بىلەن تىنچىتىلدى. توپىلاڭنى تىنچىتىشنىڭ پۈتكۈل
جەريانىدا، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسى تىنچىتىشقا پائال قاتنىشىپ،
باتۇرلۇق ۋە چېچەنلىك بىلەن تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، بۆلگۈنچىلەر ۋە
توپىلاڭچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىپ، توپىلاڭنى تىنچىتىشنىڭ ئۈزۈل-كېسىل
غەلىبىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى.
خوتەندە 1-قېتىم توپىلاڭ يۈز بەرگەندە، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىغا
خەۋەرنى دەسلەپتە دەل قاراقاش ناھىيىسىدىكى بىر دىنىي زات يەتكۈزدى.
توپىلاڭچىلارنىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇلھېمىد ئۇنى بىۋاسىتە ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭ
بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭدىن مۇرتلارنى ئالاقىلىشىپ توپىلاڭغا قاتناشتۇرۇشنى
ئۈمىد قىلغان ھەمدە ئۇنى ئىشان مەزھىپىنىڭ كاتتۋېشى قىلىپ تەيىنلەشكە ۋەدە
بەرگەندە، بۇ دىنىي زات بۇنى شۇ جايدىلا رەت قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ جىنايى
قىلمىشىنى ئەيىپلىگەن. ئارقىدىنلا ئۇ ھۆكۈمەتكە دوكلات قىلىپ، ۋىلايەت
رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنى تەييارلىق كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە
قىلدى.
توپىلاڭ داۋامىدا، قاراقاش ناھىيىسىدىكى توپىلاڭچىلار يېزا ئىگىلىك
3-تۇەنىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلماقچى بولغاندا، بىر ئامانلىق كادىرنى كېچىدە
ئۆزلىرىگە يول باشلاپ بېرىشكە مەجبۇرلىدى. ئۇ ئەقىل ئىشلىتىپ دەرھال ماقۇل
بولدى. لېكىن يول ئۈستىدە قەستەن ئەگىپ مېڭىپ، قاراڭغۇدا يول ماڭماق تەس
دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۇياققا مېڭىپ، بۇياققا ئەگىپ ۋاقىتنى كەينىگە
سوزدى. يېزا ئىگىلىك 3-تۇەنىنىڭ ئەتراپىغا يېتىپ بارغاندا تاڭ سۈزۈلدى. بۇ
چاغدا ئۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ توپىلاڭچىلار قوشۇنىدىن قۇتۇلۇپ, رايونلۇق
پارتىيە كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلدى، شۇنىڭ بىلەن، خوتەندىكى
رەھبەرلىك ئورگىنى توپىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. تاڭ
ئېتىپ قالغانلىقتىن، توپىلاڭچىلار تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشقا ئامال قىلالماي،
قايتىپ بېرىپ رايونلۇق تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنى بۇلىدى. بىر ئامانلىق
مۇدىرى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۆزى يالغۇز توپىلاڭچىلارنىڭ
پېيىگە چۈشۈپ، ئىككى كېچە-كۈندۈز ئىش ئورنىدىن ئايرىلماي پوست تۇردى ھەمدە
ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 21 توپىلاڭچىنى تۇتتى، ئاخىرىدا يېزا ئىگىلىك 3 -
تۇەنى ئەۋەتكەن قوراللىق ساقچى خادىملىرىغا ماسلىشىپ، بۇ توپىلاڭچىلارنىڭ
بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىنى تىنچىتىپ، دۆلەتنىڭ مال-مۈلكىنى قوغداپ قالدى.
قاراقاش ناھىيىسى 4-رايون يېزىسىدىكى بىر دىنىي زات بۆلگۈنچىلەرنىڭ بۇ
يەرگە كېلىپ دىنىي مۇرتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ توپىلاڭ كۆتۈرمەكچى
بولغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، چوڭ ئىش يۈز بەرگۈدەك دەپ ئويلاپ، ئېشەككە
مىنىپ كېچىلەپ ناھىيە بازىرىغا بېرىپ دوكلات قىلدى. يول يىراق، ئۇنىڭ
ئۈستىگە بەك تېز ماڭغاچقا، ئېشەك يېرىم يولدا ھېرىپ قېلىپ يېتىۋېلىپ
ماڭغىلى ئۇنىمىدى. بۇ ئاخۇنۇم ئىچى تىتىلداپ، ئارزۇلۇق ئىشىكى بىلەنمۇ كارى
بولماي، كېچىلەپ يۈرگەندەك مېڭىپ ناھىيە بازىرىغا بېرىپ دۈشمەن ئەھۋالىنى
دوكلات قىلدى.
1956-يىلى لوپتا توپىلاڭ يۈز بەرگەندە، 3-رايون 1-يېزىدىكى پومېشچىكنىڭ
ئوغلى ئابدۇغېنى يېزا ئاھالىسىنى توپىلاڭغا قاتنىشىشقا قۇتراتقان. ئۇ
ئالاقىلىشىپ 120 كىشىلىك قوشۇن توپلاپ، ۋىلايەتتىن ئەۋەتكەن ئۈچ خەنزۇ
كادىرنى باغلاپ قويغان، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئاندىن باشقا توپىلاڭچىلار
بىلەن ئۇچراشماقچى بولغان. دەل مۇشۇ خەتەرلىك پەيتتە، شۇ رايوندىكى ھەربىي
سەپتىن چېكىنگەن ھەسەن خوجا مەمەت بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، ئوتۇن كېسىدىغان
پالتىنى كۆتۈرگىنىچە ئۇچقاندەك يىتىپ كېلىپ، ئۆزى يالغۇز كىشىلەر ئارىسىغا
بۆسۈپ كىرىپ، ھەققانىي سۆزلەر بىلەن توپىلاڭچىلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ
قىلمىشىنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈش جىنايىتى ئىكەنلىكىنى پاش قىلىپ، ئاممىغا
ئالدانماسلىق ھەققىدە تەربىيە بەردى، كۆپ ساندىكى ئامما بۇ يەرگە ئالدىنىپ
كەلگەچكە، ھەسەننىڭ مەردانىلىك بىلەن قىلغان يوللۇق، پاكىتلىق سۆزىنى
ئاڭلاپ، بىر-بىرلەپ قولىدىكى قورالنى تاشلاپ، باغلاپ قويۇلغان كادىرلارنى
قۇتقۇزۇۋالدى. بىر قىسىم ئامما غەزەپلەنگەن ھالدا ئابدۇغېنى قاتارلىقلارنى
ئەيىبلەپ، ئالدىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولىغا مېڭىشقا تاس قاپتۇق، دېدى.
كۆپچىلىك گەپ-سۆزسىز ئېتىلىپ بېرىپ ئابدۇغېنى قاتارلىق ئۈچ غوللۇق ئۇنسۇرنى
مەھكەم باغلاپ، ھەسەننىڭ باشچىلىقىدا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىگە يالاپ
ئاپىرىپ بەردى ھەمدە بۇلىغان نەرسىلەرنى تولۇق قايتۇرۇپ بەردى.
قاراقاشتا توپىلاڭ باشلانغاندىن كېيىن، بىر توپ توپىلاڭچى قاراقاش ناھىيىسى
1-يېزا 1-كەنتتە تېپىرلاپ يۈرۈپ، شۇ كەنتتىكى يېزا ئىگىلىك كوپىراتىپى
ئەزالىرىنى توپىلاڭغا قاتنىشىشقا قۇتراتقان. كوپىراتىپ مۇدىرى سىيىت
بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال يېتىپ كېلىپ، قۇتراتقۇچىلارنى
قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە كوپىراتىپ ئەزالىرىنى سەمىمىي
ئاگاھلاندۇرۇپ:"بۇنداق قىلىش جىنايى قىلمىش ھېسابلىنىدۇ، يېزا ئىگىلىك
كوپىراتىپى ئەزالىرىدىن ھېچقايسىڭلارنىڭ بېرىشىغا رۇخسەت يوق، ئەگەر كىمكى
بېرىشقا جۈرئەت قىلىدىكەن، ئۇنى دەرھال تۇتۇپ ج خ ئىدارىسىگە ئاپىرىپ
بېرىمەن" دېدى. ئۇ يەنە تەرىنى تۈرۈپ توپىلاڭچىلارغا: دەرھال كېتىش،
بولمىسا ھەممىڭنى تۇتىمەن! دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. سىيىتنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن،
بۇ بىر توپ كىشىلەر ھەم ئۇنىڭغا ئۆچلۈكى كېلىپ، ھەم ئۇنىڭدىن قورقۇپ،
ئامالسىز سالپايغىنىچە تىكىۋەتتى. باقى توپىلاڭچىلارنى باشلاپ، نەچچە يۈز
ئاممىنى مەجبۇرىي ئەگەشتۈرۈپ رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قورشاپ ھۇجۇم قىلغاندا،
ئۈچ نەپەر رايون رەھبىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، خەۋپ-خەتەردىن قورقماي،
توپىلاڭچىلارنىڭ غالجىرلىقىغا ۋە قان ئېقىش، قۇربان بېرىش خەۋپىگە قارىماي،
ئالدانغان ئاممىغا پارتىيىنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، دۈشمەنلەرنىڭ
توپىلاڭ كۆتۈرۈش سۇيقەستىنى پاش قىلدى ھەمدە ئاممىنى سۇيقەستچىلەرگە قارشى
كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. بۇ بىر نەچچە رەھبەرنىڭ قەتئىي كۈرەش قىلىشى
ئارقىسىدا، كۆپ ساندىكى ئامما قۇتراتقۇچىلارنىڭ سۇيقەستىنى بىلىۋېلىپ،
بىر-بىرلەپ قورالنى تاشلىدى ھەمدە ج خ تارماقلىرىنىڭ نەق مەيداندىلا
باشلامچى تايانچلارنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈش سۇيقەستىنى
تار-مار قىلىشىغا ھەمكارلاشتى. خېلىچىخان توپىلاڭ كۆتۈرگەن مەزگىلىدە،
خوتەن ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ناسىر ھاجى قاتارلىق
كىشىلەر ج خ خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنى نەسىھەت قىلىپ توسۇشقا
باردى. نەق مەيداندا ئۇلار ئەسەبىيلەشكەن توپىلاڭچىلار ئالدىدا قىلچىمۇ
قورقماستىن پاكىت سۆزلەپ كۈرەش قىلىپ، پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرىنى زور كۈچ
بىلەن تەشۋىق قىلىپ، يامان ئادەملەرنىڭ سۇيىقەستىنى پاش قىلدى.
توپىلاڭچىلار شەرمەندە بولغانلىقىدىن غەزەپلىنىپ، ۋەھشىيلىك بىلەن
زوراۋانلىق قىلىپ، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىمۇ بولمىغان ناسىر ھاجى بىلەن بىر
نەچچە ج خ خادىمىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ناسىر ھاجى قاتارلىق كىشىلەر قۇربان
بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قېنى ئاممىنىڭ كۆزىنى روشەنلەشتۈردى.
مەيداندىكى ئاممىنىڭ كۆپىنچىسى ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس ھاجىمنىڭ قاراپ تۇرۇپ
باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن ئازابلىنىپ،
قاتىللىق قورالىنى تاشلاپ، نەق مەيداندىن ئاستا كېتىپ قالدى. توپىلاڭنى
تىنچىتقۇچى خادىملار يېتىپ كەلگەندە، نەق مەيداندا پەقەت 60 تىن كۆپرەك
جاھىل ئۇنسۇرلا قالغان بولۇپ، توپىلاڭنى تىنچىتىشتىكى بېسىم خېلى يېنىكلەپ
قالغانىدى، بۇنىڭدىن باشقا، ھەر قېتىم توپىلاڭ يۈز بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن
جىنايەتچى نەق مەيداندىن قېچىپ كەتتى، لېكىن ئاخىرى يەنىلا ئاممىنىڭ پاش
قىلىشى ۋە بىۋاسىتە ياردەم بېرىشى بىلەن قولغا چۈشتى. 1-قېتىملىق توپىلاڭدا
توردىن چۈشۈپ قالغان 40 تىن كۆپرەك توپىلاڭچى پاش قىلىنىپ قولغا چۈشتى،
بۇنىڭ ئىچىدە بەشى باش جىنايەتچى. 2-قېتىملىق توپىلاڭدا 24 باش جىنايەتچى
قولغا چۈشتى، ئامما ئاكتىپ ماسلاشقانلىقتىن، توپىلاڭچىلار تېگىشلىك
جازاسىنى يېدى.
توپىلاڭ داۋامىدا، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسى توپىلاڭچىلارغا قارشى
قەتئىي كۈرەش قىلىپلا قالماستىن، بەلكى خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن
قامالغانلارمۇ توپىلاڭچىلار بىلەن ھەمكارلاشمىدى. بەزىلىرى ھەتتا يامان
يولدىن قايتىپ، ياخشى يولغا مېڭىپ تۆھپە كۆرسەتتى. 1954-يىلى، توپىلاڭچىلار
ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىنىڭ خىش زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلغاندا،
توپىلاڭنىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇلھېمىد ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىنى ھۇجۇم
بىلەن ئېلىپ، تۈرمە دەرۋازىسى ئاچساقلا جىنايەتچىلەر بىز بىلەن بىرلىكتە
ئىسيان كۆتۈرىدۇ دەپ ئويلىغانىدى، لېكىن ئەمەلىيەت دەل ئۇنىڭ ئويلىغىنىنىڭ
ئەكسىچە بولۇپ چىقتى. جىنايەتچى خۇ كۈي ئامالسىز توپىلاڭچىلارنى ماشىنا
بىلەن دېگەن يېرىگە ئاپىرىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، لېكىن يېرىم
يولدا بىر ئامال قىلىپ ئۇلارنى تاشلاپ قويۇپ، ماشىنىنى ھەيدەپ خوتەن
ۋىلايەتلىك ج خ باشقارمىسىغا بېرىپ ئەھۋالنى دوكلات قىلدى ھەمدە توپىلاڭنى
تىنچىتقۇچى قىسىمنى ماشىنا بىلەن ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئاپىرىپ قويۇپ،
توپىلاڭنى ۋاقتىدا تىنچىتىش يولىدا خىزمەت كۆرسەتتى. پەتھىددىن زورمۇ-زور
تارقىتىپ بەرگەن مىلتىقنى قولغا ئالغان بىر جىنايەتچى مىلتىقتىن بىر پايمۇ
ئوق چىقارماي، توپىلاڭنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، خوتەن
ۋىلايەتلىك ج خ باشقارمىسىغا بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قورال تاپشۇرۇپ
ئۆزىنى مەلۇم قىلدى. قويۇپ بېرىلگەن باشقا جىنايەتچىلەرمۇ ئۆزلۈكىدىن
تۈرمىگە قايتىپ كەلدى. پۈتكۈل توپىلاڭ داۋامىدا بىر جىنايەتچىمۇ
توپىلاڭچىلارغا ئەگىشىپ شۇملۇق قىلمىدى.
خوتەن توپىلىڭىنىڭ باش كاتتىۋېشى ئابدۇلھېمىد گەرچە ئىنتايىن قۇۋ، ھىيلىگەر
بولسىمۇ، لېكىن كەڭ ئاممىنىڭ ئويغىنىشى ۋە پاش قىلىشى بىلەن ئاخىرى يەنىلا
يوشۇرۇنغان گەمىسىدە قولغا چۈشتى. توپىلاڭنى تىنچىتىش داۋامىدا، قانلىق
ئەمەلىيەت ئاممىنى تەربىيىلىدى، نۇرغۇن ئامما مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ
ھەقىقىي قىياپىتىنى تونۇپ يەتتى، ئۇلار ئاقار-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ،
تەشەببۇسكارلىق بىلەن ج خ ئورگىنىنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ
قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى تۇتۇشىغا پائال ماسلاشتى. بىر قېتىم، ياشىنىپ قالغان
بىر نەچچە ئۇيغۇر ئايال ج خ خادىملىرىغا ئۆزلىرى بايقىغان يىپ ئۇچىنى مەلۇم
قىلدى. ج خ خادىملىرى مۇشۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئىز قوغلاپ زەربە بېرىپ،
ئاندىن ئابدۇلھېمىد يوشۇرۇنغان جاينى تاپتى، ئابدۇلھېمىد قاراڭغۇ، سېسىق
گەمىدىن تۇتۇپ چىقىلغاندا چاچلىرى پاخپىيىپ كەتكەن، چىرايىدا قان دىدارى
قالمىغانىدى، پۈتۈن بەدىنىدىن كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان بىر خىل سېسىق پۇراق
چىقىپ تۇراتتى. قورققانلىقىدىنمۇ ياكى ئۈمىدسىزلەنگەلىكىدىنمۇ، ئىشقىلىپ
پۈتۈن بەدىنى غالىلداپ تىترەپ تۇراتتى. خوتەندە بىر مەھەل نام چىقارغان بۇ
توپىلاڭ پىلانلىغۇچى، توپىلاڭنىڭ باش قوماندانى پارلاق قۇياش نۇرىدا ئىككى
كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ، زۇۋان سۈرەلمەي، لەقۋالىشىپ يەرگە چاپلىشىپ قالغانىدى.
خوتەن ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يوليورۇقىنىڭ روھىنى
قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنى زىچ
ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، بۆلگۈنچىلەر قوزغىغان تۆت قېتىملىق
توپىلاڭنى تىنچىتىپ، توپىلاڭنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ئابدۇلھېمىدنى تۇتۇپ،
توپىلاڭنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇپ، خوتەنگە كۆپ يىل زىيان يەتكۈزگەن مىللىي
بۆلگۈنچى كۈچنى يوقىتىپ، خوتەنگە كۆپ يىل زىيان يەتكۈزگەن مىللىي بۆلگۈنچى
كۈچنى يوقىتىپ، بۇ قېتىمقى كۈرەشنىڭ ئۈزۈل-كېسىل غەلىبىسىنى قولغا
كەلتۈردى. بۇ قېتىمقى كەسكىن كۈرەشتە خەلق ناھايىتى زور بەدەل تۆلىگەن
بولسىمۇ، لېكىن سەلبىي جەھەتتىنمۇ چېنىقتى ۋە تەربىيە ئالدى.
بۆلگۈنچىلەرنىڭ جىنايەت پاكىتى ئاممىنىڭ كۆزىنى روشەنلەشتۈردى، ھەق-ناھەقنى
ئېنىق ئايرىۋېلىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئاشۇ بۆلگۈنچىلەرنىڭ
دەل بۇ قانلىق ۋەقەلەرنىڭ باش جىنايەتچىسى، بارلىق مۇقىمسىزلىق
ئامىللىرىنىڭ يىلتىزى ئىكەنلىكىنى، تىنچ، خاتىرجەم، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش
ئۈچۈن، چوقۇم خەلققە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان ئاشۇ مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى
ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىپ، خوتەننىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى
ئۈچۈن تىنچ، خاتىرجەم مۇھىت يارىتىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى.
1958
- يىلىدىن ئېتىبارەن، خوتەن ۋىلايىتىدە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى
ناھايىتى تېز ئازايدى. ھەر مىللەت خەلقى ئىناق مۇھىتتا خوشال - خۇرام
تىرىكچىلىك قىلدى، تىرىشىپ ئىشلىدى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمۇ
ياخشىلاندى. دۆلەت قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، خوتەن خەلقى ئۆزىگە يېتەرلىك
ئاشلىق ئېلىپ قېلىپ، تۇرمۇشىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرغاندىن سىرت يەنە باشقا
جايلار ۋە باشقا ئۆلكىلەرگە 7 مىليون 380 مىڭ كىلوگرام ئاشلىق يۆتكەپ
بېرىپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. بۇ
نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش
كۈرىشىدە غەلىبە قازىنىپ، تىنچ مۇھىت ياراتقانلىقىدىن ئايرىلمايدۇ.
6.
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە "شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى"نىڭ
قەپەستىن چىقىشى ۋە يوقىتىلىشى
(1)
"شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى"نىڭ قەپەستىن چىقىشى
شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن بۇيان، بىر ئوچۇم مىللىي بۆلگۈنچىلەر ئىزچىل تۈردە
ئاتالمىش شىنجاڭنى "مۇستەقىل"قىلىش ۋە "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى"قۇرۇش
ئەكسىلئىنقىلابىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى بىلەن خۇپىيانە شۇغۇللىنىپ كەلدى،
ئۇلار كۆپ قېتىم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىش تېرىپ، توپىلاڭ ۋە ئۇرۇش، چېقىش،
بۇلاش ۋەقەلىرىنى پىلانلىغان ۋە سادىر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە ۋە
ھەر مىللەت خەلقى ئاممىسى تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنىپ، شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ
بولدى. بۇ بىر ئوچۇم مىللىي بۆلگۈنچىلەر يەنىلا مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي،
60-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ قوللىشى
ئارقىسىدا، پائال ھەرىكەتلىنىپ كەڭ ئالاقە باغلاپ، ئېنىق سىياسىي
پروگراممىسى بولغان ئەكسىلئىنقىلابىي پارتىيە قۇرۇشنى مەخپىي پىلانلىغان
بولسىمۇ، لېكىن شۇ چاغدا دۆلەت ئىچىدىكى جاھانگىرلىككە، زومىگەرلىككە قارشى
كۈرەشنىڭ كۈچلۈك ھەيۋىسىدىن قورقۇپ، قاراملىق قىلىشقا پېتىنالماي، يوشۇرۇن
پۇرسەت كۈتۈپ يېتىپ، نىشاننى كۆزىتىۋاتاتتى. "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى" بىر
ئوچۇم مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، ئۇلار تەشكىللىك،
پىلانلىق، مەقسەتلىك ھالدا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى تىزگىنلەپ، ئاممىۋى
تەشكىلاتلار ئارقىلىق ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، ئەكسىلئىنقىلابىي پارتىيە
قۇرۇپ، تېخىمۇ چوڭ دائىرىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ۋە
ئەكسىلئىنقىلابىي بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى مەخپىي
پىلانلىدى. ئۇلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا
ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ "شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى"، "شەرقىي
تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشى ئىتتىپاقى"، "شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋەتەن
قۇتقۇزۇش ئارمىيىسى"، "ياشلار ۋەتەن قۇتقۇزۇش ئارمىيىسى"، "ئىنتىقام
ئالغۇچىلار جەمئىيىتى" قاتارلىق ئەكسىلئىنقىلابىي تەشكىلاتلارنى قۇردى.
"شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى" بۇلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ
ئەكسىلئىنقىلابىي بۆلگۈنچىلىك گۇرۇھى تەشكىلاتى.
1967-يىل 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەردە "شەرقىي تۈركىستان خەلق
ئىنقىلابى پارتىيىسى" (قىسقارتىلىپ شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى" دېيىلىدۇ)
خۇپىيانە قۇرۇلدى. دەسلەپتە ئۇنىڭ نامى "ئۇيغۇرىيە (ستان) خەلق ئىنقىلابى
پارتىيىسى" دەپ ئاتالدى. كېيىن كۆز بوياپ، ئاممىنى ئالداش ئۈچۈن، بۇ نام
شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ
نامى بىلەن ئوخشاش قىلىپ ئۆزگەرتىلدى ھەمدە قۇرۇلغان ۋاقتى 1960-يىل
11-ئاينىڭ 12-كۈنى (1844-11-12-كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا ۋاقىتلىق
ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت قۇرۇلغان كۈن) دەپ ئۆزگەرتىلدى. 1968-يىلى 2-ئايدا
"شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى مەركىزىي كومىتىتى" تەشكىللەندى ھەمدە بىر
نەچچە ئەزا ۋە كاندىدات ئەزادىن تەشكىل تاپقان "مەركىزىي ھەيئەت رىياسىتى"
تەسىس قىلىندى.
"شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى" قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇلار "مەدەنىيەت زور
ئىنقىلابىي"دا تەرەپبازلىق كۈرىشى يامرىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،
تەشكىلاتىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش
ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى پائال پىلانلىدى. "شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى"
ئۆزىگە بىۋاسىتە تارايدىغان "تەڭرىتاغ قىساسچىلىرى"، "تەڭرىتاغ
ئۇغلانلىرى"، "ياشلار تەشكىلاتى" دىن ئىبارەت ئۈچ ئەكسىيەتچىل تەشكىلاتتىن
باشقا، 1969-يىلى 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ "شەرقىي
تۈركىستان پارتىيىسى ئۈرۈمچى شۆبىسى، ئالتاي شۆبە بيۇروسى، ئىلى كومىتېتى،
بورتالا شۆبە بيۇروسى، قەشقەر جەنۇبىي شىنجاڭ بيۇروسى قاتارلىق تاماق
ئاپپاراتلارنى قۇردى. بۇ تارماق ئاپپاراتلار يەنە ئۆز تەۋەلىكىدە
ۋىلايەتلىك كومىتېت، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) كومىتېت، رايونلۇق كومىتېت،
ياچېيكا قاتارلىق 78 ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى
12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە ۋە ئاپتونوم رايوندىكى 22 رايون دەرىجىلىك
ئورۇنغىچە كېڭەيدى.
(2)
"شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى"نىڭ پروگراممىسى ۋە ئۇنىڭ بۆلگۈنچىلىك،
بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى
"شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى" پروگراممىسى، تەشكىلاتى، پىلانى، ھەرىكىتى
بولغان ئەكسىلئىنقىلابىي بۆلگۈنچىلىك تەشكىلاتى بولۇپ، ئۇ جۇڭگو
كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە، ئېلىمىزنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە
تۈزۈمىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا
بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىپ، شىنجاڭنى مۇستەقىل
قىلىشنى تەرغىب قىلدى. ئۇ "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى"دىكى
قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، ئەكسىلئىنقىلابىي تەشكىلاتنى ھەدەپ
راۋاجلاندۇرۇپ، ئەكسىلئىنقىلابىي تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىپ، دۆلەتنىڭ
مال-مۈلكىنى تالان-تاراج قىلىپ، قورال-يارغ، ئوق-دورا توپلاپ،
ئەكسىلئىنقىلابىي بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى بازىسى قۇرۇپ، "مۇستەقىل شەرقىي
تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" قۇرۇشقا ئۇرۇندى.
"شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى" قۇرۇلغاندىن كېيىن، "شەرقىي تۈركىستان
پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى" بىلەن "شۆبە بيۇروسى" ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ،
"ئۇيغۇرىيەنىڭ تەقدىرى"، "شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ
نىزامنامىسى"، "شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ ئومۇمىي
پروگراممىسى" قاتارلىق ئەكسىيەتچىل ھۆججەتلەرنى تەييارلاپ، جۇڭگو
كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلدى، جۇڭگو
كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى خۇنۇكلەشتۈردى، "قوراللىق
كۈرەش قىلىپ" شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرىمىز، دەپ ئاشكارا داۋراڭ
سالدى. بۇ ئەكسىيەتچىل ھۆججەتلەردە شىنجاڭنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، شىنجاڭ
ئەزەلدىنلا بىر "مۇستەقىل دۆلەت" ئىدى، دەپ جۆيلۈپ،" شەرقىي تۈركىستان
پارتىيىسى" بۇ نۇقتىنى خەلققە دائىم تەشۋىق قىلىپ تۇرىدۇ، دەپ كاپشىدى. بۇ
مىللىي بۆلگۈنچىلەر يەنە "شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى"نىڭ "پارتىيە گېربى"،
"پارتىيە بايرىقى" ۋە "ئۇيغۇرىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى"نىڭ "دۆلەت بايرىقى"
نۇسخىسىنى تەييارلىدى. ئۇلار ئاممىنى ئالداش ئۈچۈن، بەزىدە ماركسىزمنىڭ
سۆز-ئىبارىلىرىنى تىلغا ئېلىپ قويۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك شۇملۇقى بىلەن
شۇغۇللاندى.
"شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى" "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى"دىكى قالايمىقان
ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندى. 1968-يىلى 2-ئايدا،
"شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى مەركىزىي ھەيئەت رىياسىتى" مەيدانغا كېلىشى
بىلەنلا، ھەر تەرەپكە زور تۈركۈمدە ئادەم ئەۋەتىپ، ھەر تەرەپتىن ئالاقە
باغلاپ، تەشكىلاتنى راۋاجلاندۇرۇپ مورت توپلىدى، ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ
ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى جىنباداۋ ئارىلىغا ۋە شىنجاڭ تارباغاتاينىڭ
تېرەكتى رايونىغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلىش ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ، سۆزـ چۆچەك
پەيدا قىلىپ ۋە تارقىتىپ، "سوۋېت ئىتتىپاقى پات يېقىندا باستۇرۇپ
كېلىدۇ"دەپ گەپ سېتىپ، كۈچىنىڭ بارىچە جىددىي كەيپىيات پەيدا قىلدى ھەمدە
كىشىلەرگە بۆلۈنۈپ "مۇستەقىل"بولۇش پەيتى يېتىپ كېلەي دەپ قالدى، دەپ
بېشارەت بەردى. ئۇلار يەنە "شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى 23 يىللىق تارىخقا
ئىگە بولۇپ قالدى" ۋە ھاكازا دەپ ماختىنىپ، بۇ ئارقىلىق ئاممىنى ئالداپ،
تەشكىلاتنى كېڭەيتىپ تولۇقلىدى. ئۇلار ھەممىلا يەرگە سۇقۇنۇپ كىرىپ، ئۇرۇق
- تۇغقان، ئەل-ئاغىنە، ساۋاقداش، خىزمەتداشلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت
تورىدىكى بارلىق ئەزالاردىن پايدىلىنىشقا ئادەتلىنىپ، ھەتتا زوراۋانلىق
قىلىپ ۋە تەھدىت سېلىپ، "تەشكىلاتىمىزغا قاتناشمىغانلارنى ئۆلتۈرىمىز، ئۆي
بىساتىنى ئېلىپ كېتىمىز" دەپ جار سالدى. تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بارلار ۋە
رېئاللىققا نارازى بولۇپ يۈرگەنلەرنى پۇل بېرىپ ئازدۇرۇپ، ئاندىن ئۇلارغا
زوراۋانلىق قىلىپ تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنى تەشكىلاتقا قاتنىشىشقا مەجبۇرلىدى.
"شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى" تەشكىلاتىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىر
ۋاقىتتا، بۇنىڭ ئاساسلىقلىرى "مەشئەل گېزىتى" ۋە باشقا ئەكسىيەتچىل ماقالە،
تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى، كىتابچە قاتارلىقلار. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ
ئەزالىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا قارشى رادىئو تەشۋىقاتىنى ئاڭلاشقا
ئۇيۇشتۇردى. "شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى"نىڭ بەزى ئاساسلىق ئەزالىرى
كۆپلىگەن ئەكسىيەتچىل ماقالىلەرنى يېزىپ، تارىخنى كۈچەپ بۇرمىلاپ، پاكىت
ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئاق ـ قارىنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك
پارتىيىسىگە، سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە ۋە پارتىيىنىڭ تۈرلۈك فاڭجېن،
سىياسەتلىرىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىش، شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن
بۇيانقى نەتىجىلەرنى يوققا چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئاشكارا
تەرغىب قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ئۈچۈن جامائەت پىكرى تەييارلىدى.
"شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى" يەنە پائال ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق
توپىلاڭ پىلانلىدى، ئەكسىلئىنقىلابىي بازا قۇرۇش قەستىدە بولدى. ئۇلار
ھەرىكەت خىراجىتى توپلاش ئۈچۈن، بانكا، ئىسكىلات، ماگىزىن، ئاشلىق دۇكىنى
قاتارلىقلارنى تەپتارتماستىن بۇلىدى، پەقەت ئۈرۈمچى، ئىلى، قاراماي
قاتارلىق جايلاردىلا 22 قېتىم بۇلاڭچىلىق قىلىپ، 100 نەچچە مىڭ يۈەندىن
ئارتۇق نەق پۇل بۇلىدى. ئۇلار يەنە "ئەزالىق بەدىلى" يىغىش، ئىئانە توپلاش
ۋە "زايوم" تارقىتىش چارىلىرىنى قوللىنىپ خىراجەت توپلىدى. "شەرقىي
تۈركىستان پارتىيىسىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبىسى" تەپتارتماستىن "زايوم" بېسىپ
چىقىرىپ، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرىمىزنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش غەرىزىنى
ئاشكارىلىدى.
"شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى" يەنە جايلاردىكى ئەزالىرىنى قورال ـ ياراغ،
ئوق ـ دورا ۋە ماددىي ـ ئەشيا بۇلاشقا كۆپ قېتىم بۇيرۇپ، قوراللىق توپىلاڭ
كۆتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى. "ئالتاي شۆبە بيوروسى" توپىلاڭغا تەييارلىق
قىلىش ئۈچۈن، "شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى" بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كۆپ
قېتىم قورال ـ ياراغ سورىدى ھەمدە كىيىم ـ كېچەك، يەم ـ خەشەك قاتارلىق
نەرسىلەرنى تەييارلىدى، قېچىش يولىنى سىزىپ چىقتى. "بورتالا شۆبە بيۇروسى"
كىچىك گازارما، ئاتلىق ئەسكەرلەر تارماق ئەترىتى ۋە ساقچىخانىنىڭ قورال ـ
ياراغلىرىنى بۇلىغاندىن كېيىن، قارا تولۇق تېغىنىڭ ئېغىزىدا
ئەكسىلئىنقىلابىي قورال ـ ياراغ بازىسى قۇرۇپ، ئەكسىلئىنقىلابىي
پارتىزانلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش قەستىدە بولدى. "شەرقىي تۈركىستان
پارتىيىسى ئىلى كومىتېتى"، "ئۈرۈمچى شۆبىسى"، "ئالتاي شۆبە بيۇروسى"
ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 12 قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن موڭغۇلىيىگە ئادەم
ئەۋەتىپ، قورال ـ ياراغ، تېلېگراف ئاپپاراتى سورىدى ھەمدە ھەربىي ئىشلار
مەسلىھەتچىسى ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جاسۇسلۇق،
ئاخبارات ئورگىنى شىنجاڭغا توققۇز تۈركۈمدە خۇپىيانە ھالدا تۈركۈمدە
14ئادەم/ قېتىم تېلېگراف ئاپپاراتى، قورال ـ ياراغ ۋە ھەرىكەت خىراجىتى
كىرگۈزۈپ، "شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى" بىلەن ئالاقىلاشتى.
(3)
"شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى" نىڭ يوقىتىلىشى
"شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى" نىڭ تۇتقان تەتۈر يولى خەلقنىڭ كۆڭلىگە
ياقمىغاچقا، ئاخىرى يېتىم قېلىپ، مۇقەررەر يوقىلىش تارىخىي تەقدىرىدىن
قېچىپ قۇتۇلالمىدى. 1969-يىلى 1-ئايدا، ئاپتونوم رايوننىڭ جامائەت
خەۋپسىزلىكى، قوغداش تارماقلىرىدىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس دېلو تەكشۈرۈش
بەنزىسى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق، "شەرقىي تۈركىستان
پارتىيىسى" نىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى ئاساسى جەھەتتىن ئىگىلەپ ھەمدە تولۇق،
ئىشەنچلىك پاكىتلارنى قولغا چۈشۈرۈپ، بۇنىڭ ئازادلىقتىن بۇيان شىنجاڭدا يۈز
بەرگەن ئەڭ چوڭ تەشكىلاتى، پروگراممىسى، پىلانى، ھەرىكىتى بولغان
ئەكسىلئىنقىلابىي بۆلگۈنچىلىك گۇرۇھى دېلوسى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شىنجاڭ
ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت
پارتىيە يادرو گۇرۇپپىسى دېلونى دەرھال پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا
يوللىدى. جۇ ئېنلەي دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ دېلونى بىر تەرەپ قىلىش
ھەققىدە دەرھال تۆۋەندىكىدەك مۇھىم يوليورۇق بەردى: دەلىل ـ ئىسپاتقا،
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتكە ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى
ئارقىلىق قوماندانلىق قىلىڭلار؛ سىياسەتنى ئىگىلەپ، جىنايىتى چېكىدىن
ئاشقان، پاكىتى تولۇق بولغان كاتتىۋاشلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئارقا تېرەكلىرىگە
قاتتىق تەنقىد قىلىپ، قايمۇققان، مەجبۇرىي ئەگەشكەنلەر ۋە راستچىللىق بىلەن
ئىقرار قىلغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىڭلار؛ ئىشنى
كېڭەيتىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭلار، دۈشمەنلەرنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى
بۇزۇپ، باشقىلارنى قالايمىقان چىشلەپ تارتىپ، دىققەت ت نەزىرىنى باشقا
ياققا يۆتكىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭلار. "شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى"
ئەكسىلئىنقىلابىي بۆلگۈنچىلىك گۇرۇھى 1970 ـ يىلى 3-ئايدا تارمار قىلىندى.
خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كەڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى ھەر مىللەت خەلق
ئاممىسى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ پائال ماسلىشىشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا،
"شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى"نى ئۈزۈل ـ كېسىل بىت ـ چىت قىلىش ۋە "شەرقىي
تۈركىستان پارتىيىسى" ئۇنسۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش يولىدا زور تۆھپە
قوشۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلق قول تۇتۇشۇپ توپىلاڭنى تىنچىتىشنىڭ زەربە
مارشىنى ياڭراتتى.
1969
ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، "شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى جەنۇبىي شىنجاڭ
بيۇروسى"نىڭ كاتتىۋىشى ئاخۇنۇف باشچىلىقىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق
توپىلاڭچىلار گۇرۇھى بىر تۈركۈم توپىلاڭچىلارنى يىغىپ، ئايرىم ـ ئايرىم
ھالدا مەكىت بىلەن قەشقەردىن يولغا چىقىپ، سەككىز تۈگمەندە ئۇچرىشىپ، سوۋېت
ئىتتىپاقىغا تايىنىپ ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق توپىلاڭ بازىسى قۇرۇشقا
ئۇرۇندى. ئۇلارنىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي سۇيىقەستى باشلىنىشى بىلەنلا، جامائەت
خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىمىز ئەھۋالنى ئىگىلەپ بولغانىدى، ئۇلار كەڭ خەلق
ئاممىسى بىلەن مەخسۇس ئورگانلارنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا ئىدى. 8 ـ
ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورگىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى
تارماقلىرى ئىگىلىگەن ئەھۋالغا ۋە خەلق ئاممىسى مەلۇم قىلغان ئەھۋالغا
ئاساسەن، تېزدىن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنى
تەشكىللەپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ پائال قوللىشى ئارقىسىدا،
ئەكسىلئىنقىلابىي خورىكى ئىنتايىن ئۆسۈپ كەتكەن بۇ ئىككى تۈركۈم قوراللىق
توپىلاڭچىلارنى قورشاپ يوقاتتى.
مەكىتتىن يولغا چىققان بىر تۈركۈم توپىلاڭچىلار بىر قېتىملىق زەربىگە
بەرداشلىق بېرەلمەي، بىردەمنىڭ ئىچىدىلا خەلق ئازادلىق ئارمىيىمىز بىلەن
خەلق ئەسكەرلىرىمىز يايغان تورغا چۈشتى، 40 تىن ئارتۇق توپىلاڭچى بىر ـ
بىرلەپ قولغا ئېلىندى.
قەشقەردىن يولغا چىققان يەنە بىر تۈركۈم توپىلاڭچىلار مەخپىي ھەرىكەت ئېلىپ
بارغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كەتكەن يېرىنى بىلگىلى بولمىغانىدى، قوراللىق
توپىلاڭچىلارنىڭ سۇيقەستىنى ۋاقتىدا تارمار قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرى دەرىجىلىك
رەھبەرلىك ئورگانلىرىمىز تېزدىن شۇ يەردىكى ھۆكۈمەتكە خەلق ئەسكەرلىرىنى ۋە
خەلق ئاممىسىنى تەشكىللەپ، ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئۆتكەن ـ كەچكەنلەرگە
قاتتىق كۆز-قۇلاق بولۇپ، توپىلاڭچىلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئىگىلەشنى ئۇقتۇردى.
ئۇلار توپىلاڭچىلارنىڭ ئاتۇش ناھىيىسى كاتتايلاق گۇڭشېسىنىڭ قىزىلسۇ سەككىز
تۈگمەن ئەتراپىغا جايلاشقان ئارپىلىق دادۈيدىكى بىر خالىي تاغ جىلغىسىدا
ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، دەرھال خەلق ئەسكەرلىرى بىلەن
ئاممىنى تەشكىللەپ، ئۇلارغا زەربە بېرىشكە تەييار تۇردى. 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
كەچ سائەت 12دە، خەلق ئەسكەرلىرى ليەنىنىڭ ليەنجاڭىنىڭ دادىسى ئۆگزىدە
تۇرۇپ تاغ قاپتىلىدىن كىشىلەرنىڭ ئاياغ ئاۋازى كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ
قالدى. ھەمدە نۇرغۇن كىشىنىڭ سايىسىنى خىرە ـ شىرە كۆردى. ۋەزىپە ئىجرا
قىلىۋاتقان خەلق ئەسكەرلىرى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال نەق
مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن خۇرۇم ۋە رېزىنكە ئاياغ ئىزىنى
بايقىدى ھەمدە بۇ ئىزلارنىڭ بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئىزى ئەمەسلىكىنى
جەزىملەشتۈرۈپ، بۇ كىشىلەرنىڭ كېچىسى يول يۈرۈپ، كەنتكە كىرىشكە
پېتىنالمىغانلىقىغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ دەل ئاشۇ توپىلاڭچىلار بولۇش
ئېھتىمالى ناھايىتى چوڭ، دەپ قارىدى. ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق
ئەسكەرلىرى توپىلاڭچىلارغا قوغلاپ زەربە بېرىۋاتقان خەلق ئازادلىق
ئارمىيىسىگە دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن
بىر ۋاقىتتا، ئۆزلىرىمۇ كۈچ تەشكىللەپ توپىلاڭچىلارنى قوغلاپ ماڭدى. خەلق
ئازادلىق ئارمىيىسى يەرلىك ئاممىنىڭ ياردىمى، خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ يول
باشلىشى بىلەن، شۇ يەردىكى بىردىنبىر سۇ مەنبەسىدە توپىلاڭچىلارنى بايقىدى.
خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن خەلق ئەسكەرلىرى ئۆز ئارا ماسلىشىپ،
توپىلاڭچىلارنى تېز سۈرئەتتە قورشاپ، جاھىللىق بىلەن قارشىلىق
كۆرسەتكەنلىرىگە زەربە بېرىپ، توپىلاڭچىنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈردى،
توپىلاڭچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنى قولغا ئالدى، پەقەت ئالتە نەپەر توپىلاڭچى
چېگرا تەرەپكە قېچىپ كەتتى.
چېگرىغا جايلاشقان ئاتۇش ناھىيىسى قارا جول گۇڭشېسىنىڭ مەسئۇلى
توپىلاڭچىلارنىڭ مۇشۇ رايونغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال
خەلق ئەسكەرلىرىنى تەشكىللەپ، ئازادلىق ئارمىيىگە ماسلىشىپ توپىلاڭچىلارنى
ئىزدىدى. خەلق ئەسكەرلىرى توپىلاڭچىلارنى قوغلاپ تۇتىدىغانلىق خەۋىرىنى
ئاڭلىغاندىن كېيىن، بەس ـ بەستە ئۆزلىرىنى تىزىملاتتى، بۇ ھەرىكەتكە ئايال
خەلق ئەسكەرلىرىمۇ قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى. خەلق ئەسكىرى توختى سىرتقا
چىقىپ قايتىپ كەلگەنىدى، ئۇ باشقا خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ توپىلاڭچىلارنى
تۇتقىلى كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، شۇ ھامان باشقىلارنىڭ بىر ئېتىنى سوراپ
تېزدىن باشقا باشقا خەلق ئەسكەرلىرىگە يېتىشىۋالدى. شۇنداق قىلىپ،
توپىلاڭچىلارنى ئىزدەشكە قاتناشقان خەلق ئەسكەرلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ،
ئەڭ ئاخىرىدا 62 خەلق ئەسكىرىدىن تەشكىل تاپقان توپىلاڭچىلارغا قوغلاپ
زەربە بېرىش، توپىلاڭچىلارنى ئىزدەش ـ تۇتۇش قوشۇنى شەكىللەندى. خەلق
ئەسكەرلىرى غەزەپ ـ نەپرىتى تاشقان ھالدا توپىلاڭچىلارنى قوغلاپ تۇتقۇچى
ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى بىلەن بىرلىكتە تاغ ـ ئېدىرلاردىن ئېشىپ، بىر
كېچە ـ كۈندۈزدە 70 نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ، سۇ ۋە يېمەك ـ ئىچمەك
كەمچىل بولغان جاپالىق مۇھىتتا، روھلۇق، جەڭگىۋارلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ،
قېچىپ سۇقۇنۇۋالغان توپىلاڭچىلارنى تېزلا قولغا چۈشۈردى.
توپىلاڭچىلارنى بىرلىكتە قورشاپ يوقىتىش جېڭىدە ئارمىيە بىلەن خەلق بېلىق
بىلەن سۇدەك چوڭقۇر رىشتە ئورناتتى، خەلق ئاممىسى پەرزەنت ئەسكەرلەرنى
قىزغىن سۆيىدىغان مەنزىرە ھەر ۋاقىت ھەممىلا يەردە كۆزگە چېلىقىپ تۇردى،
بىر قېتىم ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى توپىلاڭچىلارنى ئىزدەپ تۇتۇش
جەريانىدا بىر قاقاسلىققا كېلىپ قېلىپ، سۇ بولمىغاچقا قىينىلىپ قالغانىدى.
يېقىن ئەتراپتىكى ئامما بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال سۇ ۋە
يېمەك ـ ئىچمەكلەرنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا باردى، بىر موماي چوڭ بىر
قوغۇندىن بىرنى ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىگە ئاپىرىپ بەردى. نۇرغۇن ئامما
ئۆيلىرىدىكى ئاتلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىگە
توپىلاڭچىلارغا قوغلاپ زەربە بېرىڭلار دەپ بەردى. بەزى ئامما ئۇلارغا يول
باشلاپ بېرىپ، توپىلاڭچىلارنى تۇتۇش ھەرىكىتىگە تەڭ قاتناشتى. بىر قېتىملىق
توپىلاڭچىلارنى ئىز قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىدە، ھاۋا ئىسسىق، سۇ كەمچىل
بولغاچقا، بىر ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىسى ئۆزىنىڭ يېرىم سۇدان سۈيىنى
ئۆزلىرىگە يول باشلاپ ماڭغان چارۋىچى بوۋايغا بەرگەنىدى، بوۋاي بۇنىڭدىن
چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، قوينىدىن قولياغلىققا ئىككى قات قىلىپ ئورالغان چوڭ بىر
نەشپۈتنى ئاۋايلاپ ئېلىپ ئۇنىڭغا بەردى. بۇ ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىسى
نەشپۈتنى ئېلىپ كۆڭلىدە بۇ بىر تال نەشپۈت بولۇپلا قالماي، بەلكى چېگرا
رايوندىكى خەلقنىڭ پەرزەنت ئەسكەرلەرگە بولغان كۆڭلى، دەپ ئويلىدى. ئۇ
نەشپۈتنى ئۆزى يالغۇز يېيىشكە قىيماي، ئۇنى ئوراپ قوينىغا سېلىۋېلىپ،
توپىلاڭچىلارنى قوغلاپ تۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولۇپ ليەنگە قايتىپ
كەلگەندىن كېيىن، نەشپۈتنى پارچىلاپ، پۈتۈن بەندىكى جەڭچىلەرگە بىر
پارچىدىن بەردى، كىچىككىنە بىر پارچە نەشپۈت خەلق ئاممىسىنىڭ پەرزەنت
ئەسكەرلەرگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. بىر كۈنى 60 ياشتىن
ئاشقان بىر بوۋاي ئالتە دانە چوڭ قاچىلانغان خالتىنى يۈدۈپ، يولدا ئازادلىق
ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ئالايىتەن ساقلاپ تۇرغانىدى، ئازادلىق
ئارمىيە جەڭچىلىرى يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا "ئۈچ چوڭ ئىنتىزام، سەككىز دىققەت
" نى سۆزلەپ، ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى ئاممىنىڭ بىر تال يىپ ـ
يىڭنىسىنىمۇ خالىغانچە ئالسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى، بوۋاي
تەسىرلەنگىنىدىن كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا: "ئازادلىق ئارمىيە
چەڭچىلىرى قۇربان بېرىشتىن قورقماي خەلقنىڭ دۈشمىنىنى يوقاتتى، ئاممىنىڭ
نەرسىلىرىگە زىيان سالمىدى، زىرائەتلىرىگىمۇ دەسسىمىدى، بۇ بىز
دېھقانلارنىڭ پەرزەنت ئەسكەرلەرگە ئەكەلگەن ئاددىي سوۋغىتىمىز، سىلەرگە
بولغان كۆڭلىمىز، بۇنى ئالمىساڭلار بولمايدۇ" دېدى. خەلق ئاممىسىنىڭ
پەرزەنت ئەسكەرلەرنى قىزغىن سۆيۈشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى ئازادلىق ئارمىيە
جەڭچىلىرىنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇردى، ئۇلار "چېگرا خەلقى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت
خىزمەت قىلىمىز!" دەپ ئىرادە بىلدۈرۈشتى.
"شەرقىي تۈركىستان پارتىيىسى" ئەكسىلئىنقىلابىي بۆلگۈنچىلىك گۇرۇھىنى پاش
قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ خىزمىتى ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت
خەلقى بىر قېتىملىق سوتسىيالىزم ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگ
|