|
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاتلىق يولىدىكى دەۋرى بۆلگۈچ ئىنقىلاب ― بارىن
ئىنقىلابى
مۇھەممەد ئىمىن ھەزرەت
بارىن ئىنقىلابى تۆمۈر سىپىل ئىچىدە 40 يىل قۇللۇق ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلگەن
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قۇل بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى، قەلبىدە
ئازاتلىق، مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ ئۆچمىگەنلىكىنىڭ ۋە ئۆچمەيدىغانلىقىنىڭ
قەتئى سېگنالىنى بەردى. بارىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مىڭلارچە ئۇيغۇر
يېزىسىدىن بىرسى، خىتايلارنىڭ تەبىرى بىلەن «تامچە سۇدا قۇياش نۇرىنىڭ
ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ». بارىن ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ «بىز
تېخى ھايات، بىزگە ئازادلىق كېرەك» دېگەن ساداسىنى پۈتۈن دۇنيا جامائىتىگە
يەتكۈزگەن بىر ئىنقىلاب بولدى.
مەرھۇم مۇجاھىد، قەھرىمان شەھىدىمىز زەيدۇن يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى
دىنى، ۋەتىنى، مىللىتى ئۈچۈن ئۆزىدىن مىليون ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى
چىقىپ، جىھاد قىلىشنىڭ، شەھىد بولۇشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى. بۇ ئىنقىلابتىن
كېيىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئازاتلىق ۋە مۇستەقىللىق يولىدا قايتىدىن
ئويلاندى ۋە ئۆزىنى تەرتىپكە سالدى. ۋەتەننىڭ شان ـ شەرىپىنى، مىللەتنىڭ
غۇرۇرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بارىننىڭ يولىنى تاللاشتىن باشقا يول
يوقلىقىنى چۇڭقۇر چۈشىنىپ يەتتى.
ئەمما مىللەتپۇرۇچلار، كىچىك بىر يېزىدىن بىر نەچچە يۈز ياكى بىر نەچچە مىڭ
ئادەمنىڭ چىقىپ، گىگانت تاغدەك كۆرۈنۈپ تۇرغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۈزىگە
تۈكۆرۈشىدىن مەمنۇن بولمىدى. ھەتتا خېلى ئەقلى جايىدا ۋەتەنپەرۋەر كۆرۈنگەن
كىشىلەرمۇ «تۇخۇمنى تاشقا ئۇرۇشنىڭ پايدىسى يوق»، «قۇراللىق ئىنقىلاب
نەتىجە بەرمەيدۇ، ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز»، «مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا تېخىمۇ
مۇسىبەت كېلىدىغان بولدى» دېگەنگە ئوخشاش تەسلىمچىلىك پىكىرلەرنى قىلىشتى.
قېنى
شۇلاردىن سوراپ باقايلى، مىللىتىمىز، خەلقىمىز قۇربانلىق قويغا ئوخشاش
سۈكۈت قىلىپ تۇرغان چاغلاردا كۆپ ئۆلدىمۇ؟ ياكى قولىغا قۇرال ئېلىپ
قارشىلىق كۆرسەتكەن چاغدا كۆپ ئۆلدىمۇ؟ ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرغان چېغىمىزدا
بېشىمىزغا مۇسىبەت كۆپ كەلدىمۇ؟ ياكى ئۆلۈمدىن ئۆزىمىزنى قوغدىغان چاغدىمۇ؟
دۈشمەن ئالدىدا قولدەك بېشىمىزنى ئىگىپ تۇرغان زامانلاردا مىللىي
ئىتىۋارىمىز بولدىمۇ؟ ياكى يىگىتتەك بېشىمىزنى تىك تۇتۇپ، غۇرۇر بىلەن
دۈشمەننىڭ كۆزىگە قادالغان چاغلاردا مىللىي ئېتىۋارىمىز بولدىمۇ؟ ئالدى
بىلەن بۇلارنى ئۇيلىشىمىز لازىم. بىز ئۇيغۇرلاردا «داۋاگەر سۇس بولسا، قازى
مۇتىھەم بوپتۇ» دەيدىغان گەپ بار. تارىخنى، بولۇپمۇ يېقىنقى تارىخنى ياخشى
ئەسلىشىمىز لازىم. بولۇپمۇ كوممۇنىستلارنىڭ يۇرتىمىزغا ئاياق باسقان شۇ 50
يىلغا يېقىن ۋاقىتتىكى ئەمەلىيەتنى تەھلىل قىلىشىمىز لازىم. بىز قانچە
كۈچسىز ۋە مۇلايىم بولغان زامانلىرىمىزدا دۈشمەن شۇ قەدەر ۋەھشىلەشتى. 1949
- يىلنىڭ ئاخىرى ئىشغالىيەتچى كوممۇنىست ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ۋاڭجىن
«بىز شىنجاڭ خەلقىگە قەرز تۆلىگىلى كەلدۇق. گومىنداڭ قىلغان زۇلۇمنىڭ
قەرزىنى بىز تۆلەيمىز» دېگەن ئىدى. «شىنجاڭغا ياردەم» شۇئارى بىلەن كەلگەن
ئىدى. كوممۇنىست ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستانغا كىرمەستىن بۇرۇن، ئۇلارغا
شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادىتى توغرىسىدا
تەپسىلى ۋە سىستېمىلىق دەرس ئۆتۈلگەن ئىدى. يەرلىك خەلقنىڭ ئۆرپ -
ئادەتلىرىگە ھۆرمەتسىزلىك كۆرسەتكەنلەرگە ئېغىر جازا بېرىلىدىغانلىقى
ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى. گەرچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم
يولباشچىلىرى ئايروپىلان ھادىسىسى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، جۇڭگولۇقلار
ھەمكارلىشىپ ئۈتۈشكە مەجبۇر قالغان مىللىي ئارمىيە كادىرلىرى جۇڭگولۇقلار
تەرىپىدىن ھەقىقەتەن ھۆرمەتلەنگەن ئىدى. جۇڭگو ھاكىمىيىتى يەرلىك خەلقنى
خاپا قىلىپ قۇيىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە دىققەت قىلاتتى. نېمە ئۈچۈن؟
چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتىنى شۇنداق ئېھتىياتلىق مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇر
قىلغان، ياخشى قۇراللانغان 40 مىڭ كىشىلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي
ئارمىيەسى بار ئىدى. ئەگەر جۇڭگو ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا بىر
قەدەمنى خاتا باسسا، مىللىي ئارمىيەنىڭ جىم تۇرمايدىغانلىقىنى ھېسابقا
ئالغان ئىدى. خىتاي ئەمەلدارلىرىنى بۇ مىللەتكە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە
قىلىشقا مەجبۇر قىلغان بۇ ئارمىيە ئىدى. ۋەڭ جىن، مىللىي ئارمىيىنى ئۆز
قوشۇنلىرى ئىچىگە تارقىتىپ، ئارمىيىنىڭ بىكار قالغان قوماندانلىرىنى
ئۆستۈرۈش باھانىسى بىلەن كەسىپ ئالماشتۇرغۇزۇپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ
تىزگىنىنى تامامەن كونترول ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن، كوممۇنىست
خىتايلىرىنىڭ سەمىمىلىكىگە ئىشەنگەن مىللىي يولباشچىلىرىمىز، ئالدىراپ
خوشال بولغان زىيالىلىرىمىز ۋە ئاق كۆڭۈل خەلقىمىز يەنە بىر قېتىم قاپقانقا
چۈشكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى ئارمىيىسىز خەلق، چۈپانسىز پادا
دېمەكتۇر.
ۋاڭ
جىن ئەمدى، خەلق ئىچىدە ئىمانى، ھۆرمىتى بار، ئەقىللىق، قابىلىيەتلىك، ئەڭ
مۇھىمى ۋىژدانلىق ۋە غۇرۇرلۇق مىللىي يول باشچىلارنى ۋە جامائەت
ئەربابلىرىنى تىزىملاتقۇزۇپ ئاستا ـ ئاستا ئۇلارغا جىنايى ئارخىپ
تۇرغۇزۇشقا ۋە ئەنئەنىۋى خىتاي ئۇسۇلى بىلەن بىرىمىزنى بىرىمىزگە سالغىلى
باشلىدى. 59 - يىلىغىچە بىر قانچە سىياسى ھەرىكەت بىلەن مىللىتىمىزنىڭ
ئىچىدىن چىققان پۈتۈن قىممەتلىك ئادەملىرىمىز يوقىتىلدى. ھايات
قالغانلىرىمۇ مىللەتتىن ئۇزاق تۈرمىلەرگە تاشلاندى. شەرقىي تۈركىستاندا بۇ
ۋەتەننىڭ، بۇ مىللەتنىڭ غۇرۇرىنى، شان ـ شەرىپىنى قوغدايغان ئەلەم ۋە
قەلەمدىن ئىبارەت ئىككى بۈيۈك كۈچنى تامامەن يوقىتىپ بولغانلىقىغا قانائەت
ھاسىل قىلغان جۇڭگو ھاكىمىيىتى، يۈزىدىكى چۈمپەردىنى يىرتىپ تاشلىدى. بۇ
مىللەتكە راۋا كۆرگەن زۇلۇم، ھاقارەتنىڭ ھېچ بىرىنى ئاياپ ئولتۇرمىدى. 59 -
يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو كۆچمەنلىرى كەلكۈن كەبى يۇرتىمىزغا ئېقىپ كېلىشكە
باشلىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاشلىقلىرى جۇڭگوغا تۇشۇپ كېتىلگەنلىكتىن يۈز
مىڭلارچە ئادەملىرىمىز ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى. ھەتتا كۆمۈشكە ئۈلگۈرەلمىگەن
نۇرغۇن جەسەتلەر تاغلاردا، ئېتىزلاردا قاغا، قۇزغۇنلارغا، ئىتلارغا يەم
بولدى. پەقەت باي ناھىيىسىدىن 20 مىڭ ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلدى. جۇڭگو
ھاكىمىيىتى بۇنى ئاز دەپ خەلقىمىزنى كۈندە 18 سائەت ئىشلىتىپلا قالماي،
دىنىمىزنى، مىللىي ئۆرپ ـ ئادەتلىرىمىزنى، تارىخىمىزنى ئاشكارا رەت
قىلىشقا، ھاقارەت قىلىشقا باشلىدى. شەھەر ئاھالىلىرى زورلۇق بىلەن
يېزىلارغا چىقىرىلىپ، شەھەرلەر يېڭى كەلگەن جۇڭگو كۆچمەنلىرى ئۈچۈن
بوشىتىلدى. جۇڭگو ھاكىمىيىتىنىڭ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بولغان نەپرىتى،
ئىنتىقام تۇيغۇسى ھەر كۈنى بىر پەللە كۈچەيمەكتە ئىدى. 1944 - يىلى غۇلجىدا
قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى بولغان ئىلى،
چۆچەك، ئالتاي خەلقى ئەڭ ئېغىر ھەربىي تېررور ئاستىدا قالدى ۋە ئاستا ـ
ئاستا ۋەتەننى تەرك ئېتىپ غەربىي تۈركىستانغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇ
كۆچۈشنى يېتەرسىز ھېسابلىغان بېيجىڭ ھاكىمىيىتى 62 - يىلى قورال كۈچى بىلەن
پۈتۈن خەلقنى يۇرتنى تاشلاپ كېتىشكە زورلىدى. بىر ئاي ئىچىدە يۈز مىڭدىن
ئارتۇق ئىنسان پەقەت بىرلا جېنىنى ئېلىپ غەربىي تۈركىستانغا كۆچۈشكە مەجبۇر
بولدى. 1944 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن خىتايلار
ئەنە شۇنداق رەھمىسىز ئىنتىقام ئالدى. بوش قالغان شەھەرلەر، بوش قالغان
يېزا ـ يايلاقلار، بوش قالغان ئۆيلەر خىتاي كۆچمەنلىرىگە تەقسىم قىلىپ
بېرىلدى. مىللىي غۇرۇرىمىزنى يوق قىلىش، مىللىي مەۋجۇدلىقىمىزنى ئاجىزلىتىش
ئۈچۈن پىلانلىق ۋە سىستېملىق ئېلىپ بېرىلغان سىياسى ھەرىكەتلەر بىر كۈنمۇ
توختاپ قالمىدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا بولسا سۈنئى «بۆلگۈنچى، ئەكسىل
ئىنقىلابچى» تەشكىلاتلىرىنى ياساپ چىقىپ، ئىلگىرىكى يىگىرمە يىللىق سىياسى
ھەرىكەتلەردە خىلمۇ خىل سەۋەبلەر بىلەن ئامان قالغان، خىتايلارنىڭ تەبىرى
بىلەن «توردىن چۈشۈپ قالغان» زىيالىلىرىمىز ۋە يېڭى يېتىشكەن ۋەتەنپەرۋەر
ياش ئەۋلادلىرىمىزدىن نۇرغۇن كىشى ئۇرۇپ، قىيناپ ئۆلتۈرۈلدى. ھايات
قالغانلىرىمۇ تۈرمىلەردە مەنىۋى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ئېغىر زەربىلەرگە
ئۇچرىدى.
1970
- يىلى 4 - ئايدا ئۈرۈمچىدە بىر كۈن ئىچىدە 74 ئادەمنىڭ ھېچ سوتسىز ئۆلۈم
جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى دۆلەت تېررورىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئىدى. لېكىن،
مەن، بارىن ۋەقەسىنى ئەيىبلىگەنلەردىن سوراپ باقاي، خەلقىمىز بىرمۇ
زۇلۇمكار خىتاينى ئۆلتۈرمىگەن، خىتاينىڭ يوق قىلىش سىياسىتىگە ھېچ قارشلىق
بىلدۈرمىگەن، قوينىڭ قۇزىسىدىنمۇ مۇلايىم تۇرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاي
ھاكىمىيىتى نېمىشقا ئۇ قەدەر ۋەھشىلىشىپ كەتتى؟ نېمىشقا شۇنچە كۆپ ئادەمگە
زىيان سالدى؟
بىزنىڭ بۇ سۇئالىمىزغا نىسبەتەن بەزىلەر، سىياسى ھەرىكەتلەر پۈتۈن جۇڭگونىڭ
ھەممە يېرىدە ئوخشاش ئېلىپ بېرىلدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا خىتاي خەلقىمۇ
ئوخشاش زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. دېيىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنداق
ئەمەس. خىتاي خەلقى پەقەت سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭلا زۇلمىنى چەكتى. شەرقىي
تۈركىستان خەلقى بولسا سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭلار زۇلمىنى چىكىپ قالماستىن،
بىر مىليارتتىن ئارتۇق جۇڭگولۇقنىڭ ئېغىر ئىقتىسادى يۈكىنى بىرلىكتە
كۆتۈرۈشكە مەجبۇر قىلىندى. بۇنى ئاز دەپ، يۇرتنى جۇڭگولۇقلارغا تارتقۇزۇپ
قويۇشتىن باشقا ھېچبىر گۇناھى بولمىغان بۇ خەلقنىڭ باشقا مىللەتتىن
بولىشىنىڭ ئۆزى بۇلارغا كەچۈرۈلمەس جىنايەت بولۇپ تېڭىلىدى.
1957
- يىلى جۇڭگونىڭ قايىسى يېرىدە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى سىياسى ھەرىكەت
ئېلىپ بېرىلدى؟ پەقەتلا شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلدى. جۇڭگونىڭ
مۇستەملىكىسى بولغان ئىچكى مۇڭغۇلىيىدىمۇ بۇ خىل ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا
خىتايلار جاسارەت كۆرسىتەلمىدى. تىبەت بولسا، ئۇ يىللاردا تېخى جۇڭگولۇقلار
ئاياق باسمىغان بىر زېمىن ئىدى. شەرقىي تۈركىستان خىتاي ئەمەلدارلىرى ئوۋ
ئوۋلايدىغان ئىگىسىز بىر ھايۋانلار باغچىسىغا ئايلاندى.
شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار .... قاتارلىق
يەرلىك خەلق زىيالىلىرىدىن، دىنى ئەربابلىرىدىن، جامائەت ئەربابلىرىدىن يۈز
مىڭلارچە ئادەم كۈرەشكە تارتىلدى. ھېچبىر سەۋەبسىز «ھەيۋىسىنى چۈشۈرىمىز»
دەپ ئۇرۇلدى، سۇقۇلدى. كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىندى.
نەچچە ئون مىڭ ئادەمگە يەرلىك مىللەتچىلىك قالپىقى كىيدۈرۈلدى. چوڭ
خەنزۇچىلىق (مىللەتچىلىك) بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان ياكى قالپاق كىيگەن
بىر خەنزۇ بارمۇ؟ بولسا ئۇ كىم؟ بىرنى بولسىمۇ پاكىت سۈپىتىدە كۆرسىتىپ
باقسۇن قېنى؟ 59 - يىلى باشلانغان «شيۇجىڭجۇيىچىلىققا قارشى كۈرەش» تاكى
ماۋزىدۇڭ ئۆلگەنگە قەدەر داۋام قىلدى. يەرلىك مىللەت خەلقلىرىدىن
شيۇجۇڭجۇيىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن سان ـ ساناقسىز ئادەم
شيۇجۇڭجۇيىغا باغلىنىپ جازالاندۇرۇلدى. ئەمما بۇ جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ
جازالانغان بىر خەنزۇ بارمۇ؟ 79 - يىلىدىن كېيىن جۇڭگو، ماركىسىزمنى دەسسەپ
ئۆتۈپ ئاستا ـ ئاستا دۇنيا رىئاللىقىنى كۆرۈشكە، جۇڭگونىڭ پۈتۈن
سىياسەتلىرى تېز سۈرئەت بىلەن ئۆزگىرشكە باشلىدى. ئەمما بېيجىڭنىڭ
ئۆزگەرمىگەن بىرلا سىياسىتى بار. ئۇ بولسىمۇ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى شەرقىي
تۈركىستان خەلقىنى جاھىل، يوقسۇل قالدۇرۇپ يوق قىلىش، يۈرىكىنى مۇجۇپ تۇرۇپ
يوق قىلىش، «چەتئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر» قىلىپ تۇرۇپ يوق قىلىش، مەجبۇرى
تۇغۇت كونترولى باھانىسدا ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىش، ئاتوم بومبىسىنىڭ زەھىرىدە
زەھەرلەپ يوق قىلىش، بايلىقىنى بۇلاپ يوق قىلىش، جۇڭگولۇق كۆچمەنلەر
كەلكۈنى ئىچىدە ئېرىتىپ يوق قىلىشتىن ئىبارەت سىياستىدە پرىنسىپ جەھەتتىن
ھېچ ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. ئەگەر ئۆزگىرىش بار دېيىلسە، ئۇ، ئۆزگىرىش جۇڭگو
ھاكىمىيىتى 50 - يىلدىن 80 - يىلىغىچە «شىنجاڭغا ياردەم» دېگەن شۇئارى
بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قېنىنى شوراپ، قايمىقىنى يېگەن بولسا، 80 -
يىلىدىن كېيىن «شنىجاڭنى ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈش» شۇئارى ئاستىدا، شەرقىي
تۈركىستاننىڭ تارىخىنى، مەدىنىيىتىنى، خەلقىنى تامامەن رەت قىلىش ئاساسىدا
مۇستەملىكىچىلكنىڭ ئەڭ نومۇسىز ۋاستىلىرىنى قوللىنىش بىلەن، خىتاي
كەلكۈنىنىڭ يەرلىك خەلقنى ئۆلۈمگە قىستاپ كېلىۋاتقانلىقىدۇر. بۇ قەدەر
ئېغىر مىللىي بېسىم، مىللىي نەپرەت، مىللىي ئۆچمەنلىك يەرلىك خەلقكە
نىسبەتەن دۆلەت تەرىپىدىن ئەللىك يىلدىن بېرى يۈزگۈزۈلىۋاتقان بىر
ۋەزىيەتتە، بارىن ۋەقەسىدەك ئىنقىلابلارنىڭ پارتلىشىنى غەلىتىلىك ھېس
قىلغانلار قايسى مىللەتتىن بولسا بولسۇن، ئۇ خىل ئىنسانلارنىڭ ۋۇجۇدىدا
ئىنسان يۈرىكى بارلىقىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ. بۇ يەردە شۇنداق بىر مىسال
كەلتۈرۈشنى ئۇيغۇن كۆرۈۋاتىمەن؛ يۈز مىڭ كۇپ سۇ سىغىدىغان بىر سۇ
ئامبىرىغا، سىغىپ كېتەر، دەپ يۈز مىڭ بىر يۈز كۇپ سۇ تولدۇرسىڭىز تەبىئىكى،
ئۇ سۇ ئامبىرىنىڭ سۈيى تېشىپ كېتىدۇ. ئېغىرلىق كۆتۈرىدىغان بىر دۇنيا
چىمپىيۇنى 250 كىلو ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈپ دۇنيا چىمپىيۇنى بولغان بولسا، ئۇ
ئېغىرلىقنى 251 كىلو قىلىپ قويسىڭىز، ئۇ 251 كىلو ئېغىرلىقنى كۆتۈرەلمەيدۇ.
بىر كىلو ئۇنىڭغا ئېغىر كىلىدۇ. ئىنساننىڭ سەبرى كۈچىمۇ خۇددى شۇنىڭغا
ئوخشاش، تاقەت ـ چىدام كۈچى چىكىگە يەتكەندە، چىداشقا تاقەت قالمىغاندا ھەر
قانداق ياۋاش ئادەممۇ بىر ئىنكاس قايتۇرىدۇ. بىر مىللەتكە نىسبەتەن
ئېيتقاندىمۇ شۇنداق. شىڭ شىسەينىڭ تەدبىرى بىلەن ئېيتقاندا ئالتۇن تاۋاق
بىلەن تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان خەلق دۇنيادا ئەڭ كۆپ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى
بايلىقلىرى بولىشىغا قارىماي، دۇنيادا ھېچ بىر مىللەت كۆرمىگەن
يوقسۇللۇقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ، ئاسارەتكە چۈشكەن تارىختىن بېرى
ھېچقانداق سىياسى ھەق ـ ھوقۇققا ئىگە بولالمايلا قالماستىن، بۇ ھاقارەت،
خورلۇقلارنى ئاز كۆرۈپ «گۇڭچەنداڭغا رەھمەت» دېگۈزۈپ مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ چىداشقا تاقىتى قالمىغانلىقىنىڭ ئىنكاسىنى بارىن
كۆرسەتتى. مىللىي ئىپتىخارىمىز ۋە غۇرۇرىمىز بولغان بارىن شەھىدلىرى بۈگۈن
تۈرمىلەردە ئازاپلىنىۋاتقان قەھرىمان ۋەتەن ئوغلانلىرى، قەھرىمان
تالىپلىرىمىز، بەزى «ئەقىللىق» ۋەتەنپەرۋەر زىيالىلىرىمىزنىڭ دېگىنىگە
ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىگە قۇراللىق قارشى چىقىشنىڭ «تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغاندەك
ئىش» ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈملەر بىلەن
نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەسمىدى؟
مىللىي قەھرىمانىمىز مەرھۇم زەيدۇن يۈسۈپ (ئاللاھ ياتقان يىرىنى جەننەت
قىلسۇن!) ۋە ئۇنىڭ مۇجادىلەر سەپداشلىرى بۈگۈنكى جۇڭگو كوممۇنىستىك
پارتىيىسىنىڭ بىر مىليارتتىن ئارتۇق ئىنساننى ئىدارىسى ئاستىدا تۇتۇپ
تۇرۋاتقانلىقىنى، قولىدا 450 ئاتۇم بومبىسى بارلىقىنى، 3 مىليۇن ئەسكىرى
بارلىقىنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى قۇراللىنىپ چىقسىمۇ، بۈگۈنكى خىتاي
ئەسكىرى كۈچىگە تەڭ كىلىشنىڭ ئاسان بولمايدىغانلىقىنى بىلمەسمىدى؟ ئۇلار
ھەممىنى بىلەتتى، ئۇنداقتا بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ئۆزلىرىنى ئۆلۈمگە ئاتتى؟
سەۋەبى: بۇ مىللەتنىڭ، بۇ خەلقنىڭ قۇرت - قۇڭغۇز ئەمەسلىكىنى، ئىنسان
ئىكەنلىكىنى، بوزەك قىلسا ئاچچىقى كېلىدىغانلىقىنى خىتاي ھاكىمىيىتىكە
چۈشەندۈرمەكچى بولدى. بۇ مەقسەتنى چۈشەندۈرۈشنىڭ باشقا ئۇسۇللىرىنىڭ
ھەممىسى باشقىلار تەرىپىدىن سىنالغان ئىدى. ئەمما، خىتاي ھاكىمىيىتى
مەقسەتنى چۈشەنگىلى ئۇنىمىغان ياكى ئېتىۋار قىلمىغان ئىدى. بارىن ياشلىرى
ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلى بىلەن بۇ مەقسەتنى چۈشەندۈردى. خىتاي
ھاكىمىيىتىمۇ چۈشەندى، يەنى، ئۇيغۇر ئانىلىرى ھەر زامان «لەببەي» دەپ ئەمر
كۆتۈپ تۇرىدىغان قۇللارنىلا ئەمەس، ئاچچىقى كەلگەندە ئۆلۈشنى ۋە ئۆلتۈرۈشنى
بىلىدىغان، ۋۇجۇدىدا ئەركەك تۈكى بار ئوغۇل بالىلارنىمۇ تۇغىدىغانلىقىنى
چۈشەندى. گەرچە 80 - يىلىدىن بىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر يېرىدە بۇ خىل
ھەرىكەت ۋە ئىنقىلابلار كۆپ يۈز بەرگەن بولسىمۇ، تەسىرى جەھەتتىن بۇ قەردەر
كۈچلۈك بولمىغان ئىدى. بارىننىڭ ئۈچ خىل تارىخىي تەسىرى بار.
1 -
شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بولغان تەسىرى
1949
- يىلىنىڭ ئاخىرى شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ كەلگەن خىتاي كوممۇنىست
ئارمىيىسى شەھەر ـ شەھەر، يېزا ـ يېزىلارغا خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ كىرىشكە
باشلىدى. ئەنە شۇ چاغدا بارىنغىمۇ، بارىنغا ئوخشاش كۆپ يېزىغا بۇ خىزمەت
گۇرۇپپلىرى كەلگەن ئىدى. «بىز سىلەرنى ئازات قىلغىلى كەلدۇق» دەپ ئۆزلىرىنى
تۇنۇشتۇرغاندا، يېزا خەلقى چاۋاك چېلىپ قارشى ئالغان، ئۆيلىرىنى بوشتىپ
ئۇلارغا بەرگەن، يەيدىغان ئەڭ ياخشى تاماقلىرىنى ئۇلارغا بەرگەن. خىتاي
ئەسكەرلىرى: «بۇنىڭدىن كېيىن گۇمىنداڭنىڭ زۇلمى بولمايدۇ، قورسىقىڭلار توق،
كىيىمىڭلار پۈتۈن، خاتىرجەم ياشايسىلەر» دېگەندە ئاق كۆڭۈل بىچارە خەلق
خوشاللىقىدىن نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالغان ئىدى. ياشلار بولسا، بۇ خىزمەت
گۇرۇپپىسى، ئوتقا كىرسە ئوتقا، سۇغا كىرىسە سۇغا كىرىشكە تەييار ھالەتكە
كەلگەن. بۈگۈن شۇ ئادەملەرنىڭ بالىلىرى؛ يەنى خىتاي كوممۇنىست
ھاكىمىيىتىنىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا «قىزىل بايراق ئاستىدا تۇغۇلۇپ،
قىزىل بايراق ئاستىدا ئۆسكەن» ياشلار قوللىرىغا قۇرال ئېلىپ، ئاتا ـ
ئانىلىرى قارشى ئېلىپ يۇرتقا باشلاپ كىرگەن بۇ ئارمىيىگە قارشى ئوق
ياغدۇردى. قۇراللىق كۈچ بىلەن ئۇلارنى يۇرتىدىن ھەيدىۋەتمەكچى بولۇپ،
ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈمى بەدىلىگە نېمىشقا ئۇلارنى ئۆلتۈردى؟ ئاتا ـ ئانىلىرى
ئۈمىد باغلىغان بۇ ئارمىيىگە، بۇ ھاكىمىيەتكە نېمىشقا ئەۋلادلىرىدا بۇ
قەدەر كۈچلۈك ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت ئويغاندى؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى شەرقىي
تۈركىستاندىكى ئەقلى بېشىدا بار ھەر كىم ياخشى بىلىدۇ. بىز ئۇيغۇرلاردا
«يەرگە نېمە تېرىساڭ شۇنىڭ ھوسۇلىنى ئالىسەن» دېگەن خەلق تەمىسلى بار.
قىسقىسى، خىتاي ھاكىمىيىتى ۋەتىنىمىزدە نەپرەت، ئۆچمەنلىك تېرىدى.
قارشىلىقىدا يەنە نەپرەت، ئۆچمەنلىك ئالدى ۋە ئالىدۇ. ئىلگىرى ئوتتۇرىغا
چىققان ياشلار قەتئى بولمىدى. مەسلەن: پەيزاۋات ۋەقەسى. پەيزاۋاتتا
ئىسىيانغا ھازىرلانغان ياشلارنىڭ قولىدا قۇرال بار ئىدى. ئەمما يۇرت
چوڭلىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا كەڭچىلىك
قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ قوللىرىدىكى قوراللىرىنى خىتاي ئەسكەرلىرىگە
تاپشتۇرۇپ بەردى ۋە شۇ نەخ مەيداننىڭ ئۆزىدە قوللىرى چەمبەرچەس باغلاندى،
ئۇرۇلدى، ھاقارەتلەندى، ئۆلتۈرۈلدى، 16 ياش بىلەن 20 ياش ئارىسىدىكى نەچچە
يۈز ياش ـ ئۆسمۈرنىڭ كۆرمىگەن كۈنى قالمىدى. بارىندىكى ياشلار بۇ خىل
تەجرىبە - ساۋاقلاردىن دەرس ئالغان ئىدى. ئۇلار «يېتىپ ئۆلمەكتىن، ئېتىپ
ئۆلمەك» نى شەرەپ بىلدى. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي
ئەسكەرلىرىنى، ئۇلار ئۆلتۈردى. خىتاي ئەسكەرلىرى ھېچ تەسەۋۋۇر قىلىپ
باقمىغان زەربىگە ئۇچرىدى. بۇ زەربىنى ھېچ ھەزىم قىلالمىغان خىتاي
ئەسكەرلىرى بارىندا ھەتتا بۆشۈكتىكى بوۋاقلارغىمۇ ئوق ياغدۇرۇپ قەتلى
قىلدى. دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئوق يامغۇرىغا تۇتۇپ غەلۋىر تۈشىكىدەك
قىلىۋەتتى. خەلقىمىزنىڭ ئۇنتۇلماس قەھرىمان پەرزەنتى زەيدۇن يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ
مۇجادىلە سەپداشلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى دۈشمەنگە ئوق ياغدۇرۇپ تۇرۇپ شەھىد
بولدى. تىرىك دۈشمەن قولىغا چۈشكەنلەر ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلدى ياكى
ئېغىر جىسمانى جازاغا تارتىلىۋاتىدۇ. قىسىقىسى، بارىن ياشلىرى، قۇربانلىق
قويدەك ئۆلۈم نۆۋىتىنى كۆتۈپ تۇرۇشتىن، دۈشمەننى ئۆلتۈرۈپ تۇرۇپ ئۆلۈشنىڭ
قانچىلىك شەرەپلىك ئۆلۈم ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت سېگىنال بىلەن، شەرقىي
تۈركىستاندىكى ۋەتەنپەرۋەر ياش ئەۋلادلارغا يېڭى كۈرەش شەكلىگە ئاتلىنىش
جاسارىتىنى بېغىشلىدى. بۇ، شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتكە
قارشى قەلبىدە غەزەپ ـ نەپرەت ئۇرغۇپ تۇرغان مىليونلارچە ئىنسانغا ئىلھام
ۋە جاسارەت مەنبەسى بولماقتا. دېمەك، ئاجىز خەلقىمىز، دۈشمەن قانچىلىك
كۈچلۈك بولسىمۇ ئۇنىڭغا زەربە بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى، ھەددىدىن ئارتۇق
بوزەك قىلىپ كەتكەندە «توختا» دەپ ۋاقىرغىلى بولىدىغانلىقىنى بۈگۈن يەنە
بىر قېتىم ئۆگەندى.
بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى مۇددەتىسز پارتلايدىغان بىر بومبىغا ياكى
بىر تال سەرەڭگىنى ياندۇرۇپ تاشلىسا، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئوت دېڭىزىغا
ئايلىنىدىغان پايانسىز ئورمانغا ئوخشايدۇ. بۇ بومبىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن
پارتلىشىنىڭ، بۇ ئورماننىڭ ۋاقتسىز ئوت ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز،
كۈچىمىزنى بىھۇدە ئىسراپتىن ھەر زامان مۇھاپىزەت قىلىشىمىز لازىم. ئەمما
بارىن روھى ھەر مىنۇت ئىسىمىزدىن چىقماسلىقى كېرەك.
2 -
بارىن ئىنقىلابنىڭ خىتاي خەلقىگە بولغان تەسىرى
شەرقىي تۈركىستانغا ھېچ كەلمىگەن، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بىلىمگە ۋە
چۈشەنچگە ئىگە بولمىغان مىليارت جۇڭگولۇقلار، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي
تەڭسىزلىك ۋە بۇ تەڭسىزلىك نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان مىللىي زىددىيەتنىڭ
قانچىلىك ئېغىر، قانچىلىك خەتەرلىك نوقتىلارغا بېرىپ يەتكەنلىكىدىن
خەۋرەسىز، ئەمما، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ھەممە
ئىشتىن خەۋىرى بار. شەكىلدە شەرقىي تۈركىستانغا بېرىلگەن ئاپتونومىيە،
شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئەمەس. ۋاڭ جىن، ۋاڭ
ئىنماۋلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىغا كەلگەنلەرگە بېرىلگەن ئالاھىدە
ئىمتىيازدۇر. شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ يەرلەشكەن، كېلىۋاتقان ۋە كېلىدىغان
جۇڭگولۇق بەزى كۆچمەنلەرگە بېرىلگەن ئالاھىدە ھەق ـ ھوقۇقتۇر.
يېقىنقى يۈز يىل ئىچىدە باي بولۇش سەۋداسىغا مۇپتىلا بولغان دۇنيا
كۆچمەنلىرى ئامېرىكىغا ئېقىپ بارغىنىغا ئوخشاش، يېقىنقى 50 يىل ئىچىدە باي
بولۇش ۋە ھوقۇق تۇتۇش سەۋداسىغا مۇپتىلا بولغان جۇڭگولۇقلار شەرقىي
تۈركىستانغا ئېقىپ كەلدى. مەجبۇرى ۋە ئالداپ ئەكەلگەن كۆپ سانلىق كۆچمەنلەر
بۇنىڭ سىرتىدا، ئەلۋەتتە. بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىق ـ تەرغىباتى بىلەن
كەلگەن بۇ مىغ ـ مىغ ئىنسانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچلىكى ئارزۇ قىلغان ھوقۇققا،
ئارزۇ قىلغان بايلىققا ئىگە بولدى. ئۇلارنى ھوقۇققا ئىگە قىلىش، باي قىلىش
بەدىلىگە يەرلىك خەلق ھوقۇقسىز قالدى. يوقسۇل قالدى. بۇلارنى ئاز
كۆرگەندەك، شەرقىي تۈركىستانغا دەسلەپتە كەلگەندە ئاجىز، ئۇرۇق ۋە ئادەمنىڭ
ئىچىنى ئاغرىتقۇدەك دەرىجىدە مۇلايىم بولغان جۇڭگولۇقلار، شەرقىي
تۈركىستاننىڭ ھاۋاسىدا نەپەس ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆيلىرىدە
ئولتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاش ـ ئۇزۇقلىرىنى يەپ بىر ، ئىككى يىل
ئۇتىدۇ ـ دە ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا كۈچ ـ قۇۋۋەت، يانچۇقىغا پۇل، روھى ھالىتىگە
بىر ئۈستۈنلۈك پەيدا بۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كۆپ سانلىق كۆچمەن جۇڭگولۇقلاردا
بىر خىل پىسخولوگىيىلىك ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ. يەنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ
ھاۋاسى، ئاش ـ ئۇزۇقى ئۇلارغا رىئاكسىيە (گومىڭ) قىلىدۇ. بۇ رىئاكسىيە
ئۇلارنىڭ سۆز ـ ھەرىكەتلىرىدە، بۇ ۋەتەننىڭ ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقكە
نەپرەت، ئۆچمەنلىك ۋە ئۇلارنى تۆۋەن كۆرۈش بولۇپ ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
نېمىشقا بۇ خىل پىسخولوگىيىلىك كېسەل ئوتتۇرىغا چىقتى؟ نېمىشقا دۇسلۇق
ئورنىغا دۈشمەنلىك، مۇھەببەت ئورنىغا نەپرەت يەر ئالدى؟
يەرلىك خەلقنى ئۇلارنىڭ كۆزىگە نادان، ياۋايى، قابىلىيەتسىز، شور پىشانە
كۆرسەتكەن كۆز ئەينەك، ئۇلارغا بېيجىڭ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قىلىنغان
ھەدىيەدۇر. «بوزەكنى بوزەك قىلمىساڭ قىيامەتتە سورىقى بار» دېگەندەك جۇڭگو
ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغا مىللەت، جۇڭگو كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ھەم
بوزەك قىلىنىشى نورمال بىر ھالغا كەلدى. بارىن ئىنقىلابى جۇڭگودىكى ۋە
شەرقىي تۈركىستاندىكى بەزى ۋىجدانلىق خەنزۇ زىيالىلىرى ۋە جامائەت
ئەربابلىرىغا ئىنسانلار ئارىسىدا نەپرەت ياراتقۇچىلار نۆۋىتى كەلگەندە
ئۆزلىرى ياراتقان نەپرەتنىڭ قۇربانى بۇلىدىغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلدى.
نەپرەت نەپرەتنى، ئۆلۈم ئۆلۈمنى باشلاپ كېلىدۇ. بارىن ئىنقىلابىدىن كېيىن
چەتئەلدىكى جۇڭگو دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ بەزى رەھبەرلىرى، شەرقىي
تۈركىستانلىقلارنىڭ چەتئەلدىكى بەزى تەشكىلاتلىرىغا، جۇڭگودا سوتسىيالىستىك
تۈزۈم يىقىلىپ، دېموكراتىيىگە ئۈتۈش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاندا خەنزۇ ۋە
يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئىچىدىكى بىگۇناھ خەلقنىڭ ئۆزئارا نەپرىتىدىن قان
تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپلەردە بۇلىشىمۇ تەسادىپى ئەھۋال
ئەمەس. زوراۋانلار ھەقىقەتكە ئەمەس، كۈچكە تايىنىدۇ، ئەمما زوراۋانلارنىڭ
قولىدىن كۈچ كەتكەندە، ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقان نەپرەت دېڭىزىدا ئۆزلىرى
غەرق بولىدۇ.
بارىن ئىنقىلابى بۇ مەنتىقىنىڭ كىچىك بىر سېگنالى سۈپىتىدە جۇڭگو
ھۆكۈمىتىنى زۇلۇمدىن ۋاز كېچىشكە، كۆچمەن خەنزۇ خەلقىنىمۇ بۇ زۇلۇمنى
قوللاشتىن ۋاز كېچىشكە ئۈندەش بىلەن تارىختا ئۇنتۇلماس سەھىپە قالدۇردى.
ئەمما شۇنى ئەسلىتىپ ئۈتەيكى، ئۈرۈمچىدىكى مىللىتارست ھۆكۈمەت بىلەن بېيجىڭ
بۇ ۋەقەدىن ھېچ ئىجابى دەرس ئالغىنى يوق. بارىن ۋەقەسىدىن كېيىن، ۋاڭ
ئىنماۋ بىلەن سۇڭ خەنلياڭنىڭ بېيجىڭدە جاڭ زېمىن ۋە لى پىڭغا ۋەقە ھەققىدە
دوكلات قىلغاندىن كېيىنكى مۇنۇ سۆھبىتىگە دىققەت قىلايلى؛
ۋاڭ
ئىنماۋ: شىمالى شىنجاڭ خەنزۇ ئاھالىسى نوپۇسى جەھەتتىن كۆپ سانلىقىنى
ئىگەللەيدۇ، شىمالى شىنجاڭدا ئەبەدى تىنچلىق قولغا كەلتۈرۈلدى. جەنۇبى
شىنجاڭدا خەنزۇ ئاھالە نوپۇسى جەھەتتە كۆپ سانلىقىنى ئىگەللەيدىغان
ئەھۋالغا كىلىسە، ھېچ بولمىسا 50 پىرسەنتكە يەتكۈزۈلسە پۈتۈن شىنجاڭدا
ئەبەدى تىنىچلىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
لى
پىڭ: پىلاننى سىلەر تۈزۈڭلار، كېرەكلىك ياردەمنى بىز قىلىمىز... بىز بۇ
سۆھبەتتىن شۇنى كۆرۈپ ئالالايىمىزكى، جۇڭگو ھاكىمىيىتى مەسىلىنى ھەل
قىلىشنىڭ چارىسىنى شەرقىي تۈركىستاندا خەنزۇ ئاھالىنىڭ سانى جەھەتتىن
مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەشكە باغلايدۇ. مىللىي زۇلۇم ۋە مىللىي
تەڭسىزلىك، يىلدىن ـ يىلغا ئېغىرلىشىۋاتقان يوقسۇللۇقنى ھەل قىلىش ئۇلارنىڭ
ئەقلىنىڭ بىر بۈرجىكىگىمۇ كىرىپ قويغىنى يوق.
ۋەتەندىكى ۋە ۋەتەن سىرتىدىكى بەزى شەرقىي تۈركىستانلىقلار جۇڭگو
كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل
قىلىشىغا ئۈمىد بىلەن قارىماقتا. بىز ئۇلارنىڭ بۇ خام خىيالىدىن ۋاز كېچىش
ئۈچۈن بۇ پاكىت يېتەرلىك دەپ سانايمىز. كوممۇنىستىك پارتىيە جۇڭگودا
قەبرىگە كۆمۈلمەستىن تۇرۇپ، نە جۇڭگو خەلقى ئەركىنلىككە ئېرىشىشى، نە
جۇڭگونىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرىنى قولغا ئېلىش
يولى ئېچىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
3 ـ
بارىن ئىنقىلابنىڭ تاشقى دۇنياغا بولغان تەسىرى
بۈگۈن دۇنيادا، جۇڭگو، شىمالى چاۋشەن ۋە كۇبادىن باشقا ئىنسان ھوقۇقى
مەسىلىسىنى دۆلەتنىڭ ئىچكى مەسىلىسى دەپ قارايدىغان بىرمۇ دۆلەت قالمىدى.
بارىن ئىنقىلابى ئەينى زاماندا شەرقىي تۈركىستانلىق ئىنسانلارنىڭ ھەق ـ
ھوقۇقىنى ئاياق ئاستى قىلىشقا قارشى ئىسيان بولغىنى ئۈچۈن، دۆلەت
دىكداتۇرسىغا قارشى خەلق نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتە بۇ خىل ئىسياندىن باشقا
قانۇنى بىر يولنىڭ ھەم يوقلۇقىنى ياخشى بىلگەن دۇنيا جامائىتى، بولۇپمۇ
پۈتۈن دۇنيادا كۈچلۈك تەسىرى بار مەتبۇئات، تېلېۋىزور ئىستانسىلىرى بارىن
ئىنقىلابىنى ئاز دېگەندە ئىككى ئاي ئەتراپىدا دۇنيانىڭ كۈن تەرتىۋىدە
تۇتتى. بارىن، يېقىنقى 50 يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننى دۇنياغا
تونۇتۇشتا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيا كۈن تەرتىۋىگە قويۇشتا
پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ھەرىكەت بولدى. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە،
فرانسىيە، گېرمانىيە، روسىيە، ياپۇنىيە، شىياڭگاڭ، تەيۋەن، تۈركىيە، سەئۇدى
ئەربستان، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا، شەرقىي تۈركىستان
خەلقىنىڭ ئازاتلىققا بولغان ئۈمىد، ئىشەنچىسىدىن تېخىچە ۋاز كەچمىگەنلىكىنى
يېزىپلا قالماستىن، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ 20 - ئەسىردە ئىككى قېتىم
دۆلەت قۇرغانلىقى، دۆلەتلىرى يىقىلغاندىن كېيىنمۇ، مىللىي دۆلەتنى ئەسلىگە
كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان ئىنقىلاب تارىخلىرىنى تەپسىلى تۇنۇشتۇردى. بولۇپمۇ،
تۈركىيىدە يىگىرمىدىن ئارتۇق چوڭ گېزىتلەر بارىن ئىنقىلابى ھەققىدە ھەر
كۈنى بىرىنچى سەھىپىلەردە خەۋەرلەر بەردى. يۈزلەرچە سىتون يازغۇچىلىرى ئۆز
گېزىتلىرىدە، بارىن ئىنقىلابىغا ئەڭ يالقۇنلۇق ماقالىلىرى بىلەن مەدھىيە
ئۇقىدى. گېزىتلەر، زەيدۇن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى شەھىدلىرىمىزنىڭ رەسىملىرىنى
تۇنۇشتۇرۇپ باستى.
ئىستانبۇل، ئەنقەرە، قەيسەرى شەھەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلار
تەرىپىدىن جۇڭگو مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشلارغا
ئونمىڭلارچە تۈرك قېرىنداشلار پىدائى بولۇپ قوشۇلدى. مەركىزى لوندوندىكى
ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچى ئالەم شۇمۇل داڭلىق تەشكىلات «كەچۈرۈم
تەشكىلاتى» شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياق ئاستى قىلنغان ئىنسان ھوقۇقلىرى
ھەققىدە پۈتۈن دۇنياغا دوكىلات تارقاتتى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان، مىليۇندىن
ئارتۇق تىرازغا ئىگە «نىيۇس ۋىك» (ھەپتىلىك ژۇرنال) بارىن ئىنقىلابى
ھەققىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاتلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە تەپسىلى
مەلۇماتلارنى يازدى. ئۇ ژۇرنالدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئازاتلىق ۋە
مۇستەقىللىققا بولغان ئىشەنچى توغرىسىدا، شەرقىي تۈركىستانغا بارغان بىر
ئامېرىكىلىق ساياھەتچى بىلەن قىلغان سۆھبىتىنى شۇنداق يازىدۇ: «... مەن،
ئۈرۈمچىنىڭ ئەردوچو دېگەن بازىرىدا كېتىۋاتاتتىم، ئوتتۇرا ياشتىكى بىر
ئۇيغۇر كىشى، مېنىڭ ئالدىمنى تۇسۇپ ئۇيغۇرچە بىر نېمىلەرنى دېدى. مەن،
پەقەت «ئامېرىكا» دېگەن گەپنى ئاڭلىدىم. باشقا گەپنى ئۇقالمىدىم، مەن:
خەنزۇچە سىزنىڭ گىپىڭىزنى بىلەلمىدىم، دېدىم. سىز خەنزۇچە بىلەمسىز؟ دەپ
مەندىن خەنزۇچە سورىدى. بىر ئاز بىلىمەن، دېدىم. ئۇنىڭ يېىنىدا سەككىز
ياشلاردا بىر ئوغۇل بالا بار ئىدى. ئۇ ئادەم ماڭا: سىز ئامېرىكىلىقمۇ؟ ....
سىزگە شۇنى ئېيتىشنى خالايمەن. بۇ يۇرت بىزنىڭ، ئۇلارنىڭ ئەمەس، دەپ يولدا
كېتىۋاتقان مىغ ـ مىغ خەن مىللىتىنى كۆرسەتتى. ئۇلارنى بۇ ۋەتەندىن چىقىرىش
يولىدا مەن ئۆلۈپ كەتسەم، بۇ ئوغلۇم مېنىڭ ئورنۇمنى باسىدۇ، مېنىڭ
ئىنتىقامىمنى ئالىدۇ. دەپ يېنىدىكى سەككىز ياشلاردىكى بالسىنى كۆرسەتتى.
ئامېرىكىلىقلار بىزگە ياردەم قىلسۇن! دېدى... مەن، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار
بىلەن خەنلەرنىڭ تىللىشىۋاتقان، مۇشلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۈرۈمچىدە
ئۇيغۇرلار ئاز بولىشىغا قارىماي، بىر ئۇيغۇر بىر خەن بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا،
يولدا كېتىۋاتقان باشقا ئۇيغۇرلارمۇ كېلىپ خەننى ئۇرۇشقا ياردەملەشكەنلەرنى
كۆردۈم. ئۇيغۇرلار ئاز بولسىمۇ، بۇ يەرنىڭ خوجايىنى ئۆزلىرى ئىكەنلىكىنى
ھەر زامان خەنلەرگە ھېس قىلىدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم...» دەپ
يازىدۇ. گەرچە 1950 - يىلدىن بېرى يۇرت تېشىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي
يولباشچىلىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەرنىڭ
يېتەكچىلىكىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي زۇلۇم ۋە مىللەتنىڭ نەسلىنى
قۇرۇتۇش ھەرىكىتى پۈتۈن تەپسىلاتى بىلەن دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىلغان
بولسىمۇ، بىر مۇنچە چەتئەللىك دوستلاردا، بۇ قەدەر زۇلۇم بار ئىكەن، بۇ
زۇلۇمغا قارشى نېمىشقا شەرقىي تۈركىستاندا، دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلىپ
قىلغۇدەك بىر قارشىلىق ھەرىكىتى يوق؟ دېگەن سۇئاللار بار ئىدى. بارىن
ئىنقىلابى يۇرت تېشىدىكى مىللىي رەھبەرلىرىمىزنىڭ ھېسسىياتىغا ئەمەس،
ھەقىقەتكە ئاساسلانغان ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسلىسىنى دۇنياغا
تۇنۇتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بولۇپمۇ، بارىن ۋەقەسىدىن كېيىن دۇنيا
مەتبۇئاتىنىڭ دىققىتى شەرقىي تۈركىستانغا تېخىمۇ مەركەزلىشىشكە باشلىدى.
بارىن ۋەقەسى، كاشغەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ
1934- يىلى يىقىلىشىدىن باشلاپ 1963 - يىلىغىچە ۋەتەننى تەرك ئېتىپ
دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە يەرلىشىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان بىر مىليۇندىن ئارتۇق
شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋەتەننىڭ تەقدىرى مەسىلىسى ئۈستىدە قايتىدىن بىر
يەرگە جەم بولۇپ، ھەر قايىسى تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى
ۋەكىللىرى، ۋەتەن سىرتىدا تۇنجى قېتىم 1992 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 -
كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بۈيۈك
قۇرۇلتىيى» نى ئېچىشقا تۈرتكە بولدى.
قەھرىمان بارىن خەلقى ئازاتلىققا تەلپۈنگەن بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ
ئىپتىخارى، غۇرۇرى، ئۈلگىسىدۇر.
بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ ئىلغار تەرىپى تەشكىللىك ۋە ئۈزۈل ـ كېسىل
بولۇشىدۇر. شەھىدلەر ئۆلمەيدۇ. بارىن شەھىدلىرى ئاللاھ ھۇزۇرىدىمۇ
ھاتاتتۇر، خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىمۇ ھاياتتۇر.
مىللىتىمىز ئىچىدىكى تېخى ئويغانمىغان بەزى كىشىلەر شۇنى بىلشى لازىمكى،
خىتايدىن قورقۇپ ئەللىك يىل ياشىغان بىر ئادەمگە، خىتاي ھۆكۈمىتى «بىزدىن
قورقۇپ ئەللىك يىل ياشىدىك، بۇنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن ساڭا يەنە ئەللىك يىللىق
ئۆمۈرنى قوشۇپ بىرەيلى، يۈز يىل ياشا» دەپ كاپالەتلىك بەردىمۇ؟ خىتايلاردىن
قورققانلارمۇ، ئىلگىرى ـ ئاخىرى بولۇپ ئوخشاش قەبرىلەرگە كۆمۈلدى. تۇغۇلۇش
بىلەن ئۆلۈش مۇتلەق خۇدانىڭ ئىلكىدىدۇر. ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ھېسابلىغان
ھەر قانداق ئادەم بۇ مەنتىقىغە ئىشىنىشى كېرەك. ئەمما، دۈشمەندىن قورقۇپ
ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا باش ئىگىپ ئاۋازسىز بۇ دۇنيادىن ئۆتكەنلەرنىڭ
ھەممىسى ئۇنتۇلۇپ كەتتى. ئۇنتۇلمىغانلار يەنىلا ۋەتىنى ئۈچۈن، مىللىتى
ئۈچۈن، ئېتىقادى ئۈچۈن قەھرىمانلارچە شەھىد بولغانلار بولدى. بىز بۈگۈن
«سادىر دەپ ئېتىم قالدى، بەش بالام يېتىم قالدى» دەپ ناخىشلارنى ئېيتىمىز.
سادىر پالۋان بەش بالىسىنىڭ يېتىم قېلىشىنى بىلىپ تۇرۇپ جەڭگە كىرمىگەن
بولسا، ئازاتلىق ئۈچۈن ھاياتىنى پىدا قىلمىغان بولسا، خەلقىمىز يۈز يىلدىن
بېرى سادىر پالۋاننى خاتىرىلەپ كېلەمتى؟ نۇزۇگۇم، سادىر پالۋان، غېنى
باتۇر، ئوسمان باتۇر، زەيدۇن يۈسۈپلەر... مىللىتىمىز بىلەن بىللە ئەبەدىي
ياشايدۇ. ۋەتەن سۆيگەنلەرنىڭ ئۆمرى ۋەتەنگە ئوخشاش ئۇزۇن ۋە ئەبەدىي
بولىدۇ.
بىر
ۋەتەن، ئۇ ۋەتەننى سۆيگەنلەرگە ئامانەت قىلىنىدۇ. ۋەتەننى ئۇنۇتقانلار ئۇ
ۋەتەن تەرىپىدىن، ئۇ ۋەتەننىڭ ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇشى تەبىئى بىر
ھادىسىدۇر. |