|
ھاشىر ۋاھىدى
سابىت ئۇيغۇرى
مەسئۇت سابرى بايقوزى
«ھەقىقەت ئېگىلىدۇ، سۇنمايدۇ» _ خەلق ماقالى.
1
ئېلىمىزدە باشلانغان دېمۇكراتىيە ھەرىكىتى خەلقىمىزگە، ئۇلاردىن
تارتىۋېلىنغان دېموكراتىك ھوقۇقلارنى قايتۇرۇپ بەرمەكتە. سۆز – مەتبۇئات
ئەركىنلىكى بېرىپ، خەلقنىڭ ھەقىقەتنى ئېيتىشىغا، ئېيتقاندىمۇ ئاشكارا –
تەلتۆكۈس ئېيتىشىغا ئىمكان يارىتىپ بەرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە،
كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭىپ كەتكەن كونا كۆز قاراشلارنى، دوگما ئەقىدىلەرنى
چۆرۈپ تاشلاپ، يېڭىچە تەپەككۇر قىلىشقا ئۆگەتمەكتە. بۇ مۇمكىنچىلىكلەردىن
پايدىلانغان خەلقىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشىگە ۋە ھازىرىغا يېڭىچە نەزەر
تاشلىماقتا. تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن تارىخىي شەخسلەرگە يېڭىباشتىن باھا
بەرمەكتە. قىسقىسى، خەلقىمىز ئۆزىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى يېڭىباشتىن يازماقتا.
بىز
كېيىنكى يىللاردا، سىتالىن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ خەلققە قارشى
جىنايەتلىرى ئاشكارىلىنىپ، تارىخنىڭ قارىلىشىغا، خەلقنىڭ نەپرىتىگە
ئۇچرىغانلىقىنىڭ شاھىدى بولدۇق. شۇنىڭدەك، ئۆز ۋاقتىدا ”خەلق دۈشمىنى“
دېگەندەك يالغان تۆھمەتلەر بىلەن سىتالىن تەقىبىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن
مىليونلىغان ئاقكۆڭۈل، ئادىل كىشىلەرنىڭ ئاقلىنىپ، تارىخنىڭ تۆرىدىن،
خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنىڭمۇ گۇۋاھچىسى بولدۇق. قىسقىسى،
جەمئىيىتىمىزدە ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تەنتەنە قىلماقتا. تارىخىي ۋەقەلەر
بىلەن شەخسلەرگە باھا بېرىشتىكى خاتالىقلار تۈزىتىلىپ، تارىخنىڭ ھەقىقىي
قىياپىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەكتە.
سوۋېت ئېلىدە ياشاۋاتقان باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش، بىز ئۇيغۇرلارمۇ
دېمۇكراتىيە ۋە ئاشكارىلىق شارائىتىدە يېڭىچە تەپەككۇر قىلىپ، قېتىپ قالغان
ئەقىدە رامكىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئۆزىمىزنىڭ بۈگۈنىمىزگە ۋە
ئۆتمۈشىمىزگە يېڭىباشتىن نەزەر تاشلىماقتىمىز. تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن
تارىخىي شەخسلەرگە يېڭىباشتىن باھا بەرمەكتىمىز. ھەربىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ
قەلبىنى بىئارام قىلىپ كەلگەن سوئاللارغا يەنى تارىختا شۇنچە شان –
شۆھرەتكە ئىگە بولغان خەلقىمىز قانداقلارچە خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ
مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالدى؟ بىزنىڭ مىللىي ئىستىقلال ئۈچۈن ئېلىپ
بارغان كۈرەشلىرىمىز، تۆككەن قانلىرىمىز نېمە ئۈچۈن كۈتكەن نەتىجىلەرنى
ئېلىپ كەلمىدى؟ دېگەندەك سوئاللارغا تارىختىن جاۋاب ئىزدىمەكتىمىز. بىز،
تارىخقا مۇراجىئەت قىلىپ، قانچىلىك چوڭقۇر ئۆگەنگەنسېرى ھەقىقەتكە شۇنچىلىك
يېقىنلىشىۋاتىمىز. ھەقىقەتكە يېقىنلاشقانسېرى، مېڭىمىز سەگەكلىشىپ، كۆزىمىز
روشەنلىشىپ، ئۆتمۈشتە تارىخقا، تارىخىي ۋەقەلەرگە باھا بېرىشتە چوڭ
خاتالىقلارغا يول قويغانلىقىمىزنى سېزىۋاتىمىز.
بىز
كېيىنكى يىللاردا، ئاشكارا بولغان پاكىتلارنى ئۆگىنىپ، يېڭىباشتىن پىكىر
يۈرگۈزگىنىمىزدە، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ قىياپىتى باشقىچە بولۇپ كۆرۈنمەكتە.
بۇرۇن بىز ”ئىجابى“ دەپ قاراپ كەلگەن شەخسلەر ”سەلبى“ ؛ بىز ”سەلبى“ دەپ
قاراپ كەلگەن شەخسلەر بولسا ”ئىجابى“ بولۇپ چىقماقتا. مۇنداق باھالاش،
سىرتتىن قارىغاندا گويا تارىخنى ئاستىن – ئۈستىن قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈشى
مۇمكىن. ھەقىقەتتە بولسا، بىزنىڭ كۆز قارىشىمىزدىكى ئىلگىرىكى خاتالىقلار
تۈزىتىلىپ، تارىخنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەكتە. كېيىنكى
يىللاردا، مەتبۇئاتىمىزدا ئېلان قىلىنغان تارىخىي ماقالىلار ئەنە شۇ
ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
دەرۋەقە، شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىمۇ ”ئاق
داغلار“ ئاز بولمىدى. ئۇيغۇر خەلقى ئاقكۆڭۈل، سەمىمى، ئادىل خەلق ئىدى.
شۇڭا خەلقىمىز ”خەلق ئاتىسى“ سىتالىنغا ھەم سىتالىنچىلارغا ئاقكۆڭۈللۈك
بىلەن ئىشەنگەن ئىدى. شۇلاردىن ئۈمىد كۈتۈپ، نىجاتلىق تىلىگەن ئىدى.
ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇسكى، خەلقىمىزنىڭ مىڭلىغان مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرى
سىتالىننىڭ خىتاي باسقۇنچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ يۈرگۈزگەن تەقىبىنىڭ
قۇربانىغا ئايلاندى. بىز ئىدىئولوگىيە ساھەسىدە سىتالىنچىلارغا قاتتىق
ئىشەندۇق. ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشتۇق. سىتالىنچىلار بولسا، باشتىن –
ئاياغ خىتاي باسقۇنچىلىرى بىلەن ئاپاق – چاپاق بولۇپ، شۇلارنىڭ تۈگمىنىگە
سۇ قۇيۇپ كەلدى. ئادەملەرگە باھا بېرىشتە ئۇلارنىڭ ئۆز مەنتىقىسى، ئۆز
مەۋقەسى بولغان، يەنى باسقۇنچىلارنى ياقلاپ، شۇلارغا سادىق خىزمەت قىلغان
يالاقچىلارنى ”ئىلغار“، ”ئىنقىلابىي كادىر“ دەپ مەدھىيلىگەن. ئۇيغۇر
خەلقىنىڭ مىللىي ئازاتلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابچىلارنى
بولسا، ”ئەكسىيەتچى“، مىللىيەتچى“، ”پانتۈركىست“ دەپ، ئۇياتسىزلارچە تۆھمەت
بىلەن ھاقارەتلىگەن. سىتالىنچىلارغا ئىشىنىپ، ئەگەشكەنلىكىمىز ئۈچۈن بىزمۇ
بەزى ياخشى ئادەملەرنى ”خائىن“، ”مىللەتچى“، ”پانتۈركىست“ دەپ
ھاقارەتلىدۇق. بەزى ۋىجدانسىز، مىللىي مۇناپىقلارنى بولسا، ”ئىلغار“،
”ئىنقىلابىي كادىر“ دەپ مەدھىيلىدۇق. نەتىجىدە، بىز دۈشمەنگە ئالدىنىپ،
تارىخقا ۋە تارىخىي شەخسلەرگە باھا بېرىشتە تۈپتىن خاتالاشتۇق.
مۇنداق خاتالىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدا، ھەممىدىن ئاۋۋال سىتالىنىزم
ئەيىبلىك! ئۇندىن قالسا، بىزنىڭ ئۆزىمىزدىمۇ سەۋەنلىكلەر بار. بىز
ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەنپەئەت مەيدانىمىزدا چىڭ تۇرالمىدۇق. پىكىر يۈرگۈزۈشتە
مۇستەقىل بولمىدۇق. ھەمىشە ياتلارغا ئەگىشىپ، شۇلار نېمە دېسە، شۇنى
تەكرارلاپ تۇردۇق. ھازىر شۇ نەرسە روشەن بولدىكى، سىتالىن ۋە سىتالىنچىلار
ھېچقاچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دوستى بولغان ئەمەس!
ھازىر ئېلىمىزدە ۋە پۈتۈن دۇنيادا دېمۇكراتىيەنىڭ باھار شامىلى يەلپۈمەكتە.
ئاشكارىلىقنىڭ قۇياش نۇرى قاراڭغۇ بۇلۇڭلارنى يورۇتماقتا. مۇشۇ كەمگىچە
مىللىي مۇستەقىللىققە ئىگە بولالمىغان مىللەتلەر بىلەن خەلقلەر چوڭقۇر
مىللىي ئويغىنىش ئىچىدە تۇرماقتا، بىرلىشىپ كۈرەش قىلىش يولىغا چۈشمەكتە.
بۈگۈنكى دەۋر ــــــ مىللىي ئويغىنىش دەۋرى! مۇشۇنداق بىر دەۋردە
ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىمۇ غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، مىللىي تىرىلىش
يولىغا چۈشىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ۋاقتى يەتتى!
بىزنىڭ تارىخىمىزدا، دۈشمەننىڭ يالغان تۆھمەتلىرىگە ئۇچراپ، يامان ئاتلىق
بولۇپ قالغان. مۇشۇ كۈنگىچە ئاقلانماي، ئۆزىنىڭ ئادىل باھاسىنى ئالالماي
كېلىۋاتقان تارىخىي شەخسلەر ئاز ئەمەس. ئەنە شۇ كىشىلەر بىزنىڭ يېڭىباشتىن
قاراپ، ئادىل باھا بېرىشىمىزنى كۈتمەكتە!
مەسئۇت سابىرى ئەپەندى ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر. زامان، تارىخ
بىزدىن ئەۋلادلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ھالدا،
ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەنپەئەت مەيدانىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، سەگەكلىك بىلەن
ئويلاپ، ئۆتمۈشتىكى خاتا كۆز قاراشلىرىمىزنى تۈزىتىپ، خەلقىمىزنىڭ ھەم
مەشھۇر ئەربابلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي تارىخىنى يارىتىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا.
مەسئۇت ئەپەندى بىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ئۆزىگە خاس ئورۇن تۇتقان،
مەشھۇر سىياسىي ئەربابلارنىڭ بىرسى ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ كىشىگە ”مىللەتچى –
پانتۈركىست“ دېگەن سىياسىي قالپاق كىيگۈزۈلگەندىن باشقا، مۇشۇ كۈنگىچە
ئۇنىڭ ھايات يولى بىلەن پائالىيىتىنى ھەقىقىي پاكىتلار ئاساسىدا ئەتراپلىق
ئۆگىنىپ، ئوبيېكتىپ، توغرا باھا بېرىشكە ئېنتىلگەن ھېچكىم يوق.
ئەپسۇسلىنىدىغان يېرىمىز شۇكى، بىزنىڭ بەزى زىيالىلىرىمىز تېخىچە كونا كۆز
قاراشلارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ. دۈشمەنلەرنىڭ ھىيلىسىگە
ئالدىنىپ، مەسئۇت ئەپەندىگە كىيدۈرۈلگەن ”پانتۈركىست“ دېگەن سىياسىي
قالپاقنى تېخىچە كۆتۈرۈۋېلىپ، دەسمايە قىلىپ يۈرىدۇ. دېمەك، مەسئۇت ئەپەندى
ۋە باشقا سىياسىي ئەرباپلار بىزنىڭ تارىخچىلىرىمىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم تېما.
بۇ تېما ـــــ بىزنىڭ تارىخچىلىرىمىزدىن ئەتراپلىق، پۇختا ئۆگىنىپ،
ئوبيېكتىپ، توغرا خۇلاسىلەر چىقىرىشنى ۋە روشەن بايان قىلىپ بېرىشىمىزنى
تەلەپ قىلىدۇ. بۈگۈنكى دېموكراتىيە ۋە ئاشكارىلىق شارائىتىدا، ھەققانىيەت
ۋە ئادالەت تەنتەنە قىلىۋاتقان دەۋردە مەسئۇت ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ
ھاياتى ۋە پائالىيىتىنى پۇختا ئۆگىنىپ، ئوبيېكتىپ، توغرا باھا بېرىش ـــــ
بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىمىز ۋە تارىخىي قەرزىمىزدۇر. بۇ
ماقالىمىزدا: مەسئۇت ئەپەندى كىم؟ ئۇنىڭ غايىسى نېمە ئىدى؟ ئۇ نېمە
ئىشلارنى قىلدى؟ بۇ كىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا تۇتقان ئورنى قانداق
ئىدى؟... دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب بەرمەكچىمىز. بىر ئېغىز سۆز بىلەن
ئېيتقاندا، تارىخىي پاكىتلار ئاساسىدا مەسئۇت ئەپەندى ھەققىدىكى ھەقىقەتنى
بايان قىلىپ بەرمەكچىمىز.
2
مەسئۇت ئەپەندىنىڭ كىملىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بېسىپ ئۆتكەن
ھايات يولىغا ۋە پائالىيەتلىرىگە نەزەر تاشلاپ كۆرەيلى!
مەسئۇت سابىرى 1887 – يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى ۋىلايىتى غۇلجا
ناھىيسىگە قاراشلىق ئارابوز (ھازىرقى ئارورز) يېزىسىدا، كەمبەغەل دېھقان
ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى سابىرى، بوۋىسى بايقوزى، چوڭ
بوۋىسى پولاتقوزى ئىدى. سابىرىلار ئائىلىسىنىڭ تەقدىرىمۇ، ئىلىدىكى باشقا
ئۇيغۇر ئائىلىرىنىڭ تەقدىرىگە ئوخشايدۇ. ئۇ، ئۆز خەلقىنىڭ قىسمەتلىك تارىخى
بىلەن چەمبەرچاس باغلانغاندۇر.
مەلۇمكى، مەنچىڭ خانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننى 1759
– يىلى زورلۇق بىلەن بېسىۋالغانىدى. ئەركسۆيەر ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ
مىللىي مۇستەقىللىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن باسقۇنچىلارغا قارشى
قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلدى. مەنچىڭ ھۆكۈمىتى ئەنە شۇ قارشىلىق كۆرسەتكەن
ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قىسمىنى پۈتۈنلەي قىرىۋەتتى. ئامان قالغان ئۇيغۇر
ئائىلىلىرىنى بولسا، جازالاش مەقسىتىدە ئىلى ۋادىسىغا پالىدى. تارىخىي
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، چىيەنلوڭ خاننىڭ پەرمانى بىلەن 1760 – يىلى
قەشقەرىيەدىن ئىلى ۋادىسىغا بىرىنچى تۈركۈمدە ئىككى مىڭ ئائىلە، 1765 –
يىلىدىكى ئۈچتۇرپان قوزغىلىڭىدىن كېيىن، يەنە ئالتە مىڭ (جەمئىي سەككىز
مىڭ) ئائىلە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ھالدا سۈرگۈن قىلىنغان. بۇ سۈرگۈنلەر ئىلى
ۋادىسىغا جايلاشقان مانجۇ – خىتاي چېرىكلىرىنى بېقىشقا، ھەم ئۇلار ئۈچۈن
سېپىل سوقۇپ، ئىمارەت سېلىشقا مەجبۇرلاندى.
ئەنە
شۇ بىرىنچى تۈركۈمدە سۈرگۈن قىلىنغان ئىككى مىڭ تۈتۈننىڭ 600 تۈتۈنى ئىلى
ۋادىسىنىڭ كۈنگەي تەرىپىدىكى قۇلۇستاي ـــــ بۆلۈكەي ساي ئېغىزلىرىنىڭ
ئارىلىقىدىكى بوز يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ 600 تۈتۈننىڭ ئىچىدە مەسئۇت
ئەپەندىنىڭ چوڭ بوۋىسى پولاتقوزىمۇ بار ئىدى.
پولاتقوزى ئەسلىدە قەشقەر ۋىلايىتى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش
كەنتىدىن بولۇپ، مانجۇ – خىتاي باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەشلەرگە
قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، يۇرتداشلىرى قاتارىدا ئائىلىسى بىلەن ئىلىغا سۈرگۈن
قىلىنغان ئىدى.
ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى دەسلەپتە يېڭى يەرلەرگە
كەپىلەرنى تىكىپ، گەمىلەرنى كولاپ ماكانلىشىدۇ. يىللار ئۆتكەنسېرى، ئاستا –
ئاستا ئۆستەڭ چېپىپ، بوز يەرلەرگە سۇ چىقىرىپ، دېھقانچىلىق قىلىدۇ. تام
ئۆيلەرنى سېلىپ، باغ – ۋاران بەرپا قىلىپ، ئاستا – ئاستا ماكانلىشىدۇ.
ئاۋات – گۈزەل يۇرتلارنى بىنا قىلىدۇ. بۇ يۇرت دەسلەپتە ”ئارابوز“ دەپ
ئاتالغان، كېيىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سىلىقلىشىپ ”ئاراۋوز“ دەپ ئاتالغان
(ھازىر تېخىمۇ سىلىقلىشىپ ”ئاروز“ غا ئۆزگەردى). ئىلى ۋادىسىدىكى باشقا
يۇرتلارمۇ شۇ تەرىقىدە بەرپا قىلىنغان. دېمەك، بىزنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىمىز
ئىلى ۋادىسىدا ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە قان – تەرى بىلەن جەننەتتەك
گۈزەل يۇرتلارنى بەرپا قىلغانىدى. بىراق، مانجۇ – خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن
يەرلىك فېئوداللارنىڭ پۈتمەس – تۈگىمەس ئالۋاڭ – ياساقلىرى، سەيسە –
ھاشارلىرى، چەكسىز زورلۇق – زومبۇلۇقلىرى دەستىدىن بىچارە كۆچمەنلەر
ھايۋاننىڭ ئورنىدا ھاقارەتلىنىپ، قۇللارچە ھايات كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.
مەسئۇت ئەپەندىن بوۋىسى بايقوزى ئىلىغا كۆچۈپ چىققان باشقا يۇرتداشلار
قاتارىدا، ئەنە شۇنداق جاپا – مۇشەققەتلىك ھايات كەچۈرىدۇ. ئايلار، يىللار
ئۆتۈپ بايقوزىنىڭ ئائىلىسىدە، ئۇنىڭ ئېغىر – قىسمەتلىك ھاياتىنىڭ ۋارىسى
بولۇپ، ئوغلى سابىر دۇنياغا كېلىدۇ. سابىرمۇ ئاتىسىغا ئوخشاش زورلۇق –
سىتەم زامانىسىدا قېقىلىپ – سوقۇلۇپ، تەقدىرنىڭ دەشناملىرىنى يەتكۈچە يەپ،
ئاستا – ئاستا بالاغەتكە يېتىدۇ. تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق – چۈچۈكىنى تېتىپ،
ھاياتنىڭ ئەگىر – توقاي يوللىرىدىن ئۆتكەن سابىر، ئىلىدا سادىر پالۋان
باشچىلىقىدىكى مىللىي كۈرەش باشلانغاندا، دەرھال قوزغىلاڭچىلار سېپىگە
قېتىلغان. ئۇ، سادىر پالۋاننىڭ يېتەكچىلىكىدە بايانداي، كۈرەنى ئېلىش
جەڭلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇرۇش تۈگىگەندىن كېيىن، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ،
تىرىكچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئەنە شۇ ئىسيانكار جەڭچى سابىرنىڭ
ئائىلىسىدە، ئاتىلار باشلىغان ئۇلۇغ ئىشنىڭ ۋارىسى بولۇپ، ۋەتەن داۋاسىنى
داۋاملاشتۇرغۇچى ئەۋلات ـــــ مەسئۇت دۇنياغا كەلدى.
مەسئۇت كىچىكىدىنلا زېھنى ئۆتكۈر، ئۆزى تىرىشچان، ئەمگەكسۆيەر بالا بولۇپ،
ئەڭ مۇھىمى، بىلىم ئېلىشقا ئامراق، ئىلىمغا مايىل بالا ئىدى. ئۇ،
يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە دەسلەپكى ساۋاتىنى چىقاردى. ئاندىن غۇلجا
شەھىرىگە كىرىپ، يېرىم دىنىي، يېرىم پەننىي مەكتەپتە ئوقۇشقا باشلىدى. بۇ
مەكتەپلەردە كۆپىنچە تاتار مۇئەللىملەر دەرس ئۆتەتتى. مەسئۇت ئىلىمنىڭ
تەمىنى تېتىغانسېرى، ئىلىم ئېلىشقا بولغان خۇشتارلىقى ئېشىپ، تەشنالىقى
كۈچىيىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئىلىمغا بولغان ھەۋىسىنى كۆرگەن ئۇستازلىرى ئۇنى
چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇپ، بىلىم ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
مەسئۇتنىڭ دادىسى سابىرمۇ ئۆزىنىڭ جاپاكەش دېھقان بولۇشىغا قارىماي، ئەقلى
روشەن، قەلبى ئويغاق، ئىلىمنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ، ئوغلى
مەسئۇتقا نەسىھەت قىلىپ:
-
بالام! ياخشى ئوقۇپ، بىلىملىك ئادەم بول! دۇنيادا بىلىمدىن ئارتۇق كۈچ يوق،
ئەقىلدىن ئارتۇق بايلىق يوق. بىلىمسىز ئادەم مېۋىسىز دەرەخكە ئوخشاش خەلق
ئالدىدا قەدىر – قىممىتى بولمايدۇ. بىلىملىك سۇلتان، بىلىمسىز ئۇلتاڭ
(ئوتۇنچى). بىلىمىڭ بولسا، ئۆز خەلقىڭگە خىزمەت قىلالايسەن. ئابرۇيمۇ،
بەختمۇ بىلىمدىن كېلىدۇ،- دەيتتى.
ئۇستازلىرىنىڭ ۋە ئاتىسىنىڭ بۇ سەمىمىي نەسىھەتلىرى مەسئۇتنىڭ بىلىم
ئېلىشقا بولغان قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئارمانلىرىنى
ئۇلغايتىپ، قەلبىگە قانات پۈتكۈزىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى ھەم ساۋاقدىشى
ئابدۇراھمان شاھىدى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئىلىمغا بولغان تەشنالىقىنى
قاندۇرۇش ئۈچۈن، شۇ زاماندا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن بىلىم ئېلىشى مۇمكىن
بولغان بىردىنبىر مەملىكەت ـــــ تۈركىيەگە بارماقچى بولىدۇ. بىراق،
بۇلارنىڭ يول كىراسى ۋە ئوقۇش راسخوتى ئۈچۈن يېتەرلىك خىراجىتى يوق ئىدى.
بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئاتاقلىق مەرىپەتپەرۋەر زات ھۈسەينباي ھاجىم
تالىبلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، يول كىراسى بىلەن ئوقۇش راسخوتىنى ئۆز
ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئىككى ياشنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش
توغرىسىدىكى شېرىن ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇلار 1916 – يىلى يازدا،
ئىلىم ئېلىش دېگەن يالقۇنلۇق ئىشتىياق بىلەن يېنىپ، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل
شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ. مەسئۇت ئەپەندى ئىستانبۇلدىكى مېدىتسىنا
ئېنىستىتۇتىغا، ئابدۇراھمان شاھىدى بولسا، دارىلمۇئەللىمىن بىلىم يۇرتىغا
ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۇ يىللىرى، ياۋرۇپادا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى
داۋاملىشىۋاتاتتى. تۈركىيەنىڭ ئۆزىدە بولسا، مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ
شەرت – شارائىتى پىشىپ يېتىلمەكتە ئىدى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا ئوقۇشقا
كىرگەن بۇ ئىككى تالىب ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي بىلىملىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش
بىلەن بىرگە، جەمئىيەت ئەھۋالىنى ئىگەللەشكە ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشكە
تىرىشىدۇ. ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە نەزەر تاشلايدۇ. تۈركىيە
خەلقنىڭ ئاتاتۈرك مۇستاپا كامالنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۈرەش قىلىپ، مىللىي
دېموكراتىك ئىنقىلابنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرىدۇ.
ئۇلار تۈركىيە خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىغاندا يۇقىرى
مەدىنىيەتلىك خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىدۇ. بولۇپمۇ، ئۇلارنىڭ
ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، مىللەتنىڭ ئىستىقلالى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان
ئۇرۇشلاردا كۆرسەتكەن ئاڭلىقلىقى ۋە جاسارىتى تالىبلارنى بەكمۇ ھەيران
قالدۇرىدۇ. مۇشۇ تەسىراتلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىپ، قەلبىدە
كۈچلۈك مىللىي ھېسسىياتلارنى ئويغىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئىككى ئۇيغۇر
پەرزەنتى ئۆزلىرى ئوقۇغان ئېنىستۇت ۋە جەمئىيەتنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا،
ئاڭلىق، ۋەتەنپەرۋەر، بىلىملىك كۈرەشچىلەردىن بولۇپ يېتىلىدۇ. ئۇ
زامانلاردا تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۈچ يىللىق ئوقۇش تۈزۈمى يولغا
قويۇلىدىغان بولغاچقا، 1919 – يىلى ئوقۇشنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاپ، ئۆز
خەلقىگە خىزمەت قىلىشتەك ئىزگۈ نىيەت بىلەن ئانا يۇرتى غۇلجا شەھىرىگە
قايتىپ كېلىدۇ.
مەسئۇت ئەپەندى بىلەن ئابدۇراھمان شەھىدى غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، ئۆز
يۇرتداشلىرىنىڭ تېخىچە قاراڭغۇ زۇلمەتتە ئاچ – يالىڭاچ، خىتاي
باسقۇنچىلىرىنىڭ مىللىي زۇلۇم ئاستىدا قۇللارچە ھايات كەچۈرىۋاتقانلىقىنى
كۆرىدۇ ۋە ئۆز خەلقىنىڭ بۇ قىسمەتلىك تەقدىرىگە بەكمۇ ئېچىنىدۇ. تۈركىيەدە
كۆرگەن – بىلگەنلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا كۆرگەنلىرى ئۇلار ئۈچۈن بىر
– بىرىگە پەقەتلا ئوخشىمايدىغان روشەن سېلىشتۇرما بولىدۇ. بۇ سېلىشتۇرمىدىن
ئۆز خەلقىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئەپەندىلەر، ئەگەر
مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، مىللەت ئىستىقبالىنىڭ خار – زەبۇنلۇققا مەھكۇم
بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن
قەتئىي كۈرەش قىلىشقا بەل باغلايدۇ. ئۇلار: ”مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نېمە
قىلىش كېرەك؟“ ۋە: ”ئالدى بىلەن زامانىۋىي مەكتەپلەرنى ئېچىپ، مىللەتنىڭ
ياش ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلەش كېرەك. ئۇلارنى زامانىۋىي پەن – بىلىملەر
بىلەن قوراللاندۇرۇپ، قەلبىدە مىللەتپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغىتىش كېرەك!
خەلقىمىزنى ئىنقىلابىي روھتا تەربىيىلىمەي تۇرۇپ، مىللىي ئازادلىققا
ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس!“ دېگەن خۇلاسىگە كېلىدۇ.
مەسئۇت ئەپەندى ئۆزىنىڭ غۇلجىدىكى ئۆيىدە شەخسىي شىپاخانا ئېچىپ، خەلقنىڭ
كېسىلىنى داۋالاشقا باشلايدۇ. ئۇندىن سىرت، ئابدۇراھمان ئەپەندى بىلەن
بىرلىشىپ، زامانىۋىي مەكتەپ ئاچماقچى بولىدۇ. بۇ ئىزگۈ ئىش ئۈچۈن ياردەم
سوراپ، يەنە ھۈسەينباي ھاجىمغا مۇراجىئەت قىلىدۇ. ھۈسەينباي ھاجىم بۇ
تەكلىپنى مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ راسخودى بىلەن غۇلجا
شەھىرىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى باش كۆۋرۈكتە زامانىۋىي مەكتەپ بىناسى
سالدۇرۇپ، كېرەكلىك ئۈسكۈنە – ئەسۋابلار بىلەن تولدۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ، غۇلجا
شەھىرىدە ئېچىلغان تۇنجى پەننىي مەكتەپ ئىدى. مەكتەپتە دەرسلەر يېڭىچە
ئۇسۇل بىلەن ئۆتىلەتتى. مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى باي –
كەمبەغەللىكىگە قارىماي قوبۇل قىلاتتى. مەسئۇت ئەپەندى بىلەن ئابدۇراھمان
ئەپەندى بۇ مەكتەپنىڭ ئاساسلىق ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ، ھەرخىل پەنلەردىن
ساۋاق بېرەتتى. دەرستىن سىرت، ئەدەبىيات، مۇزىكا، تەنتەربىيە كۇرژۇكلىرىمۇ
قۇرۇلغانىدى.
ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتپەرۋەرلىك روھى بېغىشلايدىغان ئىنقىلابىي، جەڭگىۋار
ناخشا – شېئىرلارنى ئۆگىتىپ، يادلىتاتتى:
تۇرۇڭ مىللەتنىڭ ياشلىرى،
تۇرۇڭ بۈگۈن ئىلگىرى،
جاھانگىرلار يول ئىزدەيدۇ،
يوق
قىلماقتا بىزلەرنى!
.....
قۇتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قانىمىز،
سەن
ئۈچۈن ئانا ۋەتەن، پىدا بولسۇن بۇ جانىمىز.
چىقتى جان ھەم ئاقتى قان، دۈشمەندىن ئۆلسۇن ئەل – ماكان،
ياشىسۇن، ھېچ ئۆلمىسۇن، پارلانسۇن ئىستىقبالىمىز!
.....
ئوقۇغۇچىلار جەڭچىلەردەك قاتار تىزىلىپ مۇشۇنداق ناخشىلارنى ئېيتىپ،
كوچىلاردىن ئۆتكەندە، بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى، يۇرت چوڭلىرى ئۇلارغا
ھەۋەس بىلەن زوقلىنىپ قارىشاتتى. دېمەك، مەسئۇت ۋە ئابدۇراھمان ئەپەندىلەر
قاراڭغۇ زۇلمەت قاپلىغان ئۆلكىدە تۇنجى بولۇپ مەرىپەت چىرىقىنى ياندۇرغان
پېشقەدەم مائارىپچىلىرىمىز ئىدى. شۇلارنىڭ مۇبارەك قولىدا يېتىشىپ چىقىپ،
بىرىنچى ئەۋلات ئۇيغۇر زىيالىلىرى سۈپىتىدە غۇلجىدا مەرىپەت نۇرىنى چېچىپ،
خەلقىمىزنىڭ قەلبىنى يورۇتقان پېشقەدەم ئۇستازلاردىن ئابدۇسالام ئەپەندى،
ھاشىر ئەپەندى، ئابدۇللاھ ئەپەندى (پىراقى) قاتارلىقلار ئەنە شۇ يېڭىچە
ئىلىم مەكتىۋىنىڭ تۇنجى قاراردا ئۇچۇم بولغان ناتىۋان قۇشلىرى ئىدى.
ئەپەندىلەر خەلقنىڭ كېسەللىكىنى داۋالاش ۋە ياشلارنى ئوقۇتۇشتىن سىرت،
جامائەتچىلىك ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، خەلقىمىزنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى
كۆتىرىش، ئۇلارنى ئىنقىلابىي روھتا تەربىيىلەش ئۈچۈن ھارماي – تالماي
ئىشلەپ، بۇ ساھەدىمۇ ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتتى. ئۇلار ئەنە شۇنداق جاپالىق
ئەمگىكى ۋە ساداقىتى بىلەن ئەل – يۇرتتا كاتتا ئابرۇيغا سازاۋەر بولۇپ،
خەلقنىڭ ھۆرمەت – مۇھەببىتىگە ئېرىشتى.
لېكىن قاراڭغۇغا ئۆگەنگەن ھوقۇش تاڭنىڭ يورۇشىنى خالىمىغاندەك، جاھالەت
ھامىلىرى بولغان ئەمەلدارلار ۋە يەرلىك بەگ – غوجاملار خىتاي دوتەيلىرى
بىلەن بىرلىشىپ، ئەپەندىلەرنىڭ پائالىيىتىنى قارىلاپ، پىتنە – ئىغۋالارنى
تارقىتىشقا باشلايدۇ. ئۇلار: «ئەپەندىلەر بالىلىرىمىزغا بالىلىرىمىزغا
پەننىي ساۋاق ئۆگىتىمىز دەپ، دىندىن چىقىرىۋاتىدۇ. ياشلارغا ھەربىي تەربىيە
بېرىش دوتەي جانابلىرىغا قارشى تۇرغانلىق بولىدۇ. بىز بۇنىڭغا يول
قويمايمىز. دوتەي جانابلىرى يېڭىچە مەكتەپنى تاقاپ، ئەپەندىلەرنى جازالاپ
بەرسۇن!» دەپ دوتەيگە چېقىشتۇرىدۇ. ئەنە شۇ چېقىمچىلارنىڭ بىرى __ ئىلى
دوتىيىنىڭ يالاقچىسى، شەھەر ئىچىلىك ئادىلبەگ دېگەن كىشى ئىدى.
ئەپەندىلەرنىڭ پائالىيىتىنى ئۆزى ئۈچۈن خەتەرلىك دەپ قارىغان ئىلى دوتىيى،
ئادىلبەگكە ئوخشاش خائىنلارنىڭ چېقىمچىلىقىدىن پايدىلىنىپ: «ئەپەندىلەر
خەلق ئىچىدە ھۆكۈمەتكە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېگەن بوھتان
بىلەن قارىلاپ، جىنايى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى سوراپ، ئۈرۈمچىدە
تۇرۇشلۇق گوبىرناتور ياڭ جاڭجۈن (ياڭ زېڭشىن) گە چاققاچقا، ياڭ زېڭشىن
”ئىسيانچى چەنتۇلار“ غا ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولىدۇ ۋە بۇ
ئىككى ئەپەندىنى دەرھال تۇتۇپ، تۆمۈر قەپەزگە سولاپ، 100 چېرىككە يالىتىپ،
ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بېرىشىنى بۇيرۇيدۇ.
ياڭ
جاڭجۈننىڭ پەرمانىغا ئاساسەن، ئىككى ئەپەندى 1927 – يىلى باھار پەسلىدە
قاماققا ئېلىنىدۇ. بۇ ئىككى ”مەھبۇس“ ئىلىدىكى دوتەي يامۇلىدا بىر نەچچە
ئاي قامالغاندىن كېيىن، قىلمىش نامىسى پۈتكۈزۈلۈپ، ئاندىن ئۈرۈمچىگە
ئەۋەتىلىدۇ. ”ئالاھىدە خەۋپلىك جىنايەتچى“ دەپ قارالغان ئىككى ئەپەندى،
خىتاينىڭ ئادىتى بويىچە ئايرىم – ئايرىم تۆمۈر قەپەزگە سولىنىپ، پۇت –
قولىغا قوۋۇق – تاقاق سېلىنىپ، 100 چېرىكنىڭ پالىشىدا ھەيۋەت بىلەن ئېلىپ
مېڭىلىدۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان غۇلجا خەلقى كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا
قاتار تىزىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەزىز ئوغلانلىرى بىلەن ۋىدالاشقان، بەزى
ئادەملەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تاكى باياندايغىچە ئەگىشىپ بارغان. مەسئۇت
ئەپەندىنىڭ چوڭ ئاكىسى زەيناۋىدىن بولسا، جاندىن ئەزىز ئىنىسىنى ئۇزىتىپ،
تەكلىنىڭ داۋىنىغىچە بىللە بارغان ئىكەن. زەيناۋىددىننىڭ قايتىپ كېلىپ
تۇغقانلىرىغا سۆزلەپ بېرىشىچە، مەسئۇت تەلكىنىڭ داۋىنىغا بارغاندا، مۇنۇ
قوشاقنى توقۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىپ ماڭغانىكەن:
تەلكىنىڭ داۋانى بار،
ئۈستىدە تۇمانى بار.
سايرام كۆلىگە سىغماس،
دەرت
– ئەلەم، پىغانى بار.
ئامان بولسۇن، ئامان بولسۇن!
ئەل
يۇرتۇم ئامان بولسۇن!
ئەلنى ئەزگەن زالىملار،
يەر
بىلەن يەكسان بولسۇن!
مەسئۇت ئەپەندى تەلكىنىڭ داۋىنىدا ئاكىسى بىلەن خوشلاشقاندا، مۇنداق دەپ
ئىلتىجا قىلغان ئىكەن: «ئاكا! مېنى بىر ئامال قىلىپ قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار!
ئەگەر قۇتۇلدۇرالمىساڭلار، بۇ ياۋۇزلار مېنى ئۆلتۈرىدۇ، سېنىمۇ ئۆلتۈرىدۇ.
ئاخىرىدا مېنىڭ خەلقىمنى ئۆلتۈرىدۇ!»
مەسئۇت ئەپەندى بۇنى پەرىزىگە ئاساسەن ئېيتقان بولسىمۇ، كېيىنكى ئەمەلىيەت
بۇ پەرەزنىڭ نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. كوممۇنىستچى
باسقۇنچىلار مەسئۇت ئەپەندى بىلەن چوڭ ئوغلى ئەرتۇغرۇلنى تۈرمىدە ۋە نەزەر
بەنت ئاستىدا روھى جەھەتتىن قىيناپ ئۆلتۈردى. ئىنىسى ئابدۇغوپۇر بىلەن يەنە
بىر ئوغلى يىلدىرىمنى غۇلجىدا ئېتىپ ئۆلتۈردى. ئىككىنچى ئوغلى ئۇيغۇر ئوقۇپ
بىلىم ئېلىش مەقسىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىققان ئىدى، ئۇنى سىتالىنچىلار
تۈرمىدە ئۆلتۈردى. ئىنىسى رەخىمجان سابىر ھاجىنى غۇلجىدا ئىككى قېتىم
تۈرمىگە ئالدى. كېيىن تۈرمىدىن بوشىتىلغان بولسىمۇ، روھىي جەھەتتىن
ئازابلىنىپ ۋاپات بولدى. شۇنداق قىلىپ، ماۋزېدوڭچى ۋە سىتالىنچىلار
بىرلىشىپ، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ نەسلىنى قۇرۇتماقچى بولدى. بىراق بۇ غەرىزىگە
تولۇق يېتەلمىدى. مەسئۇت ئەپەندىنىڭ قىزى گۈلتېكىن خانىم بىلەن كىچىك
ئوغۇللىرى كىۋىلجىم ۋە يالچىنلار بەختكە يارىشا تۈركىيە دۆلىتىدىن سىياسىي
پاناھلىق تىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىرىنى ساقلاپ قالدى. ئۇلار ھازىرغىچە
تۈركىيەدە ياشاۋاتىدۇ (كىۋىلجىم 2005 – يىلى ئالەمدىن ئۆتتى). گۈلتېكىن
خېنىم تۈركىيە ھۆكۈمىتى مالىيە مېنىستىرلىكىدە چىش كېسەللىكى بۆلۈمىنىڭ
ۋىراچى بولۇپ خىزمەت قىلدى (ھازىر پىنسىيەدە ۋە ئەنقەرەدە تۇرۇۋاتىدۇ).
كىۋىلجىم ئىستانبۇلدا ياشىغان بولۇپ، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ۋەكىلى،
”شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار جەمئىيىتى“نىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق
ۋەزىپە، پائالىيەتلەردە بولغان. يالچىن بولسا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ
قانۇن پاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئادانا ۋىلايەتلىك سوتنىڭ رەئىسى
بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
مەسئۇت ئەپەندى: «ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى ئۆلتۈرىدۇ!» دېۋىدى. ھەقىقەتەن،
خىتايلار ئۇنىڭ خەلقىنى تاكى ھازىرغىچە قانخورلارچە ئۆلتۈرىۋاتىدۇ.
ئىككى ئەپەندى ئۈرۈمچىدىكى جاڭجۈن يامۇلىدا ئۈچ يىل ياتىدۇ. قاراڭغۇ، زەي
زىنداندىكى مەھبۇسانە تۇرمۇش، ئېيتقۇسىز ئېغىر ئازابلار ئۇلارنىڭ جىسمىنى
ھالسىرىتىپ، چىرايىنى زەپىراندەك سارغايتقان بولسىمۇ، روھىي جەھەتتىن
تېخىمۇ چېنىقتۇرۇپ، ئىرادىسىنى تاۋلاپ، ھەقىقىي، پولاتتەك ئىنقىلابچىلارغا
ئايلاندۇرىدۇ.
ھەممىگە مەلۇمكى، ياڭ جاڭجۈن 1928 – يىلى ئۆزىنىڭ رەقىبلىرى تەرىپىدىن
ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا جاڭجۈنلۈك تەختىگە چىققان جېڭ شۇرېن شەرقىي
تۈركىستان خەلقىنى ئالداپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق تەختىنى مۇستەھكەملەش
مەقسىتىدە، ئاز – تولا كەڭچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بىر قىسىم سىياسىي
مەھبۇسلار تۈرمىدىن بوشىتىلىدۇ. شۇ قاتاردا بۇ ئىككى ئەپەندىمۇ
تۇتقۇنلۇقتىن ئازاد بولۇپ، 1930 – يىلى تۇغۇلغان يۇرتى ___ غۇلجىغا قايتىپ
كېلىدۇ. ئەپەندىلەرنىڭ قاماقتىن چىقىپ، غۇلجىغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان
يۇرتداشلىرى ۋە يېقىنلىرى، كەڭسايغىچە بېرىپ قارشى ئالغان ۋە غۇلجىغا ئېلىپ
كەلگەن ئىكەن.
غۇلجا خەلقى ئۆزىنىڭ ئەزىز ئوغلانلىرىنى قۇچاق ئېچىپ قارشى ئالغان ھەم
ئۆزلىرىنىڭ مېھرى ئىللىق باغرىغا باسقان. چۈنكى غۇلجىدا ئۇلارنىڭ مەسلەكداش
دوستلىرى، ئوقۇغۇچى – شاگىرتلىرى، ئۇرۇق – تۇغقان، يار – بۇرادەرلىرى كۆپ
ئىدى. شۇ دەۋرنىڭ ئاڭلىق، مەرىپەتلىك زىيالىلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان
ھۈسەيىنبەگ يۇنۇس، مەرۇپ سەئىدى، ئايۇپ مەنسۇرى، ئىمىر زىنگىر، تېيىپئاخۇن
غازى، ئابدۇمۇتەئالى خەلپەم، ئاسىپ ئاخۇنۇم، داموللا رازى، تېيىپزات خەلپەت
قاتارلىق يۇرت مۆتىۋەرلىرى ئۇلارغا ئىززەت – ئېكرام بىلدۈرۈپ، ماددىي
جەھەتتە يار – يۆلەكتە بولسا، مەنىۋىي جەھەتتە خەيرىخاھلىق قىلىپ تۇرغان.
شۇلارنىڭ قوللىشى بىلەن، مەسئۇت ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ شىپاخانىسىنى ئېچىپ،
خەلقنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ، دەردىگە مەلھەم بولىدۇ.
خىتاي جاللاتلىرى ئەپەندىلەرنى تۈرمىدىن بوشاتقان بىلەن، ئۇلارنى نازارەت
قىلىشنى توختاتمىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ خەلق ئىچىدە ئابرۇي قازىنىپ، تەسىر
دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن جاڭجۈن – دوتەيلەر ئۇلارنى
يەنە تەقىپ ئاستىغا ئېلىپ، ئادىلبەگكە ئوخشاش جاساسلارنى ئارقىسىغا سېلىپ
قويىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، تەقىپ ئاستىغا ئالغاننى ئاز دېگەندەك،
ئارقىسىدىن ھەرخىل پىتنە – ئىغىۋالارنى تارقىتىپ، بىرەر باھانە بىلەن يەنە
تۈرمىگە سولاشنىڭ كويىدا بولىدۇ. ئەپەندىلەر ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ –
خەتەرنى سېزىپ تۇرسىمۇ، دۈشمەننىڭ ھىيلە – نەيرەڭلىرىگە نىسبەتەن ھۇشيار
بولۇپ، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە تايانغان ھالدا، سەگەكلىك بىلەن كۈرەش قىلىشنى
داۋاملاشتۇرىدۇ. خىتاي باسقۇنچىلىرى ئەپەندىلەرنى ھىيلە بىلەن ئالداپ
قاپقانغا چۈشۈرەلمىگەندىن كېيىن، پەدىنى يۆتكەپ، قەشقەردە ئابدۇقادىر
داموللامنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش، قاتىللارنىڭ قولى بىلەن قەستلەپ
ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. لېكىن دۈشمەن بۇ رەزىل نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ.
1932 – يىلى، تۇڭگان گېنىرالى ماجۇڭيىڭنىڭ قوشۇنلىرى غۇلجا شەھىرىنى
بېسىۋالىدۇ. كۆپ ئۆتمەي، جېڭ شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن
”تارباغاتايىسكى“ دەپ ئاتالغان سوۋېت ئەسكەرلىرى ”ماجۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنى
يوقىتىمىز“ دېگەن باھانە بىلەن غۇلجىغا بېسىپ كىرىدۇ. ”تارباغاتايىسكى“
ئەسكەرلىرى ماجۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنى قوغلاپ، غۇلجىنى ئىگەللىۋالىدۇ. ئۇلار شۇ
چاغدا يالغۇز ماجۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى بىر قىسىم يەرلىك
تۇڭگان ۋە ئۇيغۇر ئائىلىسىنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. شۇ قاتاردا، 1933 – يىلىنىڭ
بېشىدا، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئاكىسى زەيناۋىددىنى، ئايالىنى ۋە ئوغلى
رىشاتنى، شۇلارنىڭ ئۆيىدە پاناھلىنىۋاتقان ئەختەم باينىڭ ئايالى
زەينەپخاننى توغرا كۆۋرۈكتىكى ئۆيىدە ئېتىپ ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەنلا
قالماستىن، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئۆزىنىمۇ تەقىپ ئاستىغا ئالىدۇ. شۇنداق
قىلىپ، ئۇنىڭ ھاياتىغا ھەر ئىككى تەرەپتىن خەۋپ تۇغۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن،
مەسئۇت ئەپەندى غۇلجىدىن ئايرىلىش قارارىغا كېلىدۇ.
1933
– يىلى، رامىزان ئېيى ئىدى. مەسئۇت ئەپەندى ئادىتى بويىچە بەيتۇللاھ
مەسچىتىگە بېرىپ، خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇدى. تەراۋىھ نامىزىدىن كېيىن ئۆيىگە
قايتتى. كۈرە دەرۋازىسىغا كەلگەندە، دەرەخنىڭ كەينىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرغان
ئادىلبەگكە كۆزى چۈشىدۇ ۋە ئۇ مۇناپىقنىڭ قولىدا يالتىراپ تۇرغان خەنجەرنىڭ
بارلىقىنى بايقاپ قالىدۇ. بۇ ئەبلەخنىڭ قاتىللىق قىلماقچى بولغانلىقىنى
پەملىگەن مەسئۇت ئەپەندى: «خائىنغا ئۆلۈم!» دەيدۇ – دە، يېنىدىن
تاپانچىسىنى چىقىرىپ، ئىككى پاي ئوق بىلەن ئۇنى جەھەننەمگە يوللايدۇ.
ئادىلبەگ شۇ جايىغىلا يىقىلىپ چۈشىدۇ ۋە قولىدىكى خەنجەر تاراقشىپ چۈشۈپ
كېتىدۇ.
مەسئۇت ئەپەندى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن، شۇ كېچىسىلا ئائىلىسى بىلەن
خوشلىشىپ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەل – يۇرتىنى تاشلاپ، يولىغا راۋان بولىدۇ ۋە
مۇزداۋان ئارقىلىق ئاقسۇغا چۈشۈپ، ئۇ يەردىن قەشقەرگە بارىدۇ. ئۇ بېرىپ
ئۇزۇن ئۆتمەيلا، قەشقەردە داۋام قىلىۋاتقان مىللىي ئازادلىق كۈرىشى زور
غەلىبىلەرگە ئېرىشىدۇ. ئىنقىلابنىڭ غالىبىيەت مېۋىسى سۈپىتىدە، سابىت
داموللام باشچىلىقىدىكى ”شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى“ قۇرۇلىدۇ.
مەسئۇت ئەپەندى بۇ ئىنقىلابقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ پايدىلىق
مەسلىھەتلىرى بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ياردەم بېرىدۇ.
بىراق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازاد ياشىشىنى كۆرۈشنى خالىمىغان خىتاي
باسقۇنچىلىرى بىلەن سىتالىنچى ئەربابلار ئىنقىلاب ئوتىنى ئۆچۈرىۋېتىشكە،
ئىنقىلاب مېۋىسى بولغان ”شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى“ نى
يىقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ كۈرەشتە، مىللىي ئىنقىلابىي قوشۇن شېڭ شىسەينىڭ
مۇنتىزىم ئارمىيىسىنى تارمار قىلىپ، ئۈستى – ئۈستىگە غەلىبە قازانغانىدى.
1936 – يىلى، زامانىۋىي قوراللار بىلەن قوراللانغان سوۋېت ئارمىيىسى بېسىپ
كىرىپ، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيەنى
ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىدۇ. ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، تەكلىماكان چۆلىگە چېكىنگەن
جەڭچىلەرنى ھاۋادىن ئايرۇپىلان، يەردىن تانكىلار بىلەن ئوققا تۇتۇپ، قىرىپ
تۈگىتىدۇ. ئەنە شۇ تەرىقىدە، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن ”شەرقىي تۈركىستان
ئىسلام جۇمھۇرىيىتى“ نى نابۇت قىلىپ، مىللىتارىست شېڭ شىسەينى قوغداپ
قالىدۇ. شېڭ شىسەي ئۆزىنى ئوڭشاپ، ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملىگەندىن
كېيىن، سىتالىنچىلارنىڭ بىۋاسىتە قاتنىشىشى بىلەن، سابىت داموللام
ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى، ئىنقىلابقا ئاكتىپ قاتناشقان ۋەتەنپەرۋەر
زاتلارنى، زىيالىي – ئۆلىمالارنى، تىجارەتچى – بايلارنى ئومۇمىيۈزلۈك
تۇتقۇن قىلىپ، ئاممىۋىي تۈردە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارىدۇ.
تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شېڭ شىسەي جەمئىي يۈز مىڭغا يېقىن
ئادەمنى تۇتقۇن قىلىپ، سەكسەن مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. ئەڭ ئېچىنارلىقى
شۇكى، سىتالىنچىلار شېڭ شىسەينىڭ مۇشۇنداق چوڭ جىنايىتىنى ئەمەلگە
ئاشۇرۇشى جەريانىدا ئۇنى باشتىن – ئاياق قوللاپ، بىۋاسىتە قول سېلىپ
ئارىلاشقان! مەسئۇت ئەپەندى باشتىلا: «سىتالىنچىلارغا ھەرگىز ئىشەنمەسلىك
كېرەك، ئۇلاردىن ھەرگىزمۇ ياخشىلىق كەلمەيدۇ!» دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى.
يۇقۇرىقى تارىخىي پاكىتلار مەسئۇت ئەپەندىنىڭ بۇ كۆز قارىشىنىڭ نەقەدەر
توغرا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.
ئىنقىلاب مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان ئاز ساندىكى
ئىنقىلابچىلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىپ، پۇرسەت كەلگەندە كۈرەشنى
يەنە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز يۇرتىنى ۋاقىتلىق تاشلاپ، چەتئەللەرگە چىقىپ
كېتىشكە مەجبۇر بولدى. بۇلارنىڭ قاتارىدا پېشقەدەم ئىنقىلابچى مەسئۇت
ئەپەندىمۇ بار ئىدى.
ئابدۇراھمان ۋاھىدى ئەپەندى بولسا، مەسئۇت ئەپەندى ئىلىدىن غۇلجىغا
قەشقەرگە كەتكەن ۋاقىتتا، غۇلجىدا قالغانىدى. ئۇ، ئاپرىل ئۆزگىرىشىدىن
كېيىن، بىر مەزگىل مەدەنىيەت – مائارىپ ساھەسىدە ئىشلەپ، خەلقىمىزنىڭ
مەدەنىي ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتىرىشتە زور تۆھپىلەرنى قوشتى. كېيىن، شېڭ شىسەي
تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلدى.
مەسئۇت ئەپەندى 1934 – يىلى قەشقەردىن يولغا چىقىپ ئاۋۋال كەشمىرگە، ئاندىن
ھىندىستانغا بارىدۇ. قەشقەردىن ئۇنىڭ بىلەن يولغا چىققان بىر توپ كىشى
ھىندىستانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن: «ئەمدى قانداق قىلىمز؟ قەيەردە ياشاپ،
نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىمىز؟» دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە قىلدى.
كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى: «”شەرقىي تۈركىستان“ ئىنقىلابى مەغلۇب بولدى.
ۋەتەننىڭ ئىستىقلالىدىن ئۈمىد قالمىدى. مۇنداق شارائىتتا كۈرەش قىلىشمۇ
پايدىسىز، ۋەتەنگە قايتىپ بېرىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە
ياكى ئەرەبىستانغا كېتەيلى. شۇ ياقلاردا ياشاپ، تىرىكچىلىك قىلىپ، جان
باقارمىز!» دېيىشتى. لېكىن، مەسئۇت ئەپەندى بۇنداق ئاسان يولنى تاللىمىدى.
ۋەتەن مۇنقەرزلىككە، مىللەت قۇللۇققا دۇچار بولۇۋاتقان بۇ پەيتتە، چەتئەلدە
كۆرگەن راھەت – پاراغەت ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ تېتىمايتتى – ئەلۋەتتە! شۇڭا ئۇ
مۇنداق ئويلايدۇ: «مىللەتنىڭ ئىستىقلالىدىن راستىنلا ئۈمىد يوقمۇ؟ پۈتۈن
دۇنيادا ھۆرلۈك، ئازادلىق تاڭلىرى ئېتىۋاتقان، زورلۇق – زۇلۇم دەۋرى
كەلمەسكە كېتىۋاتقان مۇشۇنداق بىر دەۋردە ”شەرقىي تۈركىستان“ خەلقىنىڭ
مەڭگۈلۈك قۇللۇقتا قېلىشى مۇمكىن ئەمەس! ئىككىنچىدىن، ھازىر شېڭ شىسەي
”شەرقىي تۈركىستان“ نى مۇستەقىل باشقۇرىدىغان شېڭ دوبەن بولۇۋالدى. ئۇنىڭ
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ، سوۋېتكە يېقىنلىشىشى
__ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. دېمەك، شېڭ شىسەي بىلەن
مەركەز ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈر زىددىيەت بار. مۇشۇ زىددىيەتتىن پايدىلىنىشقا
نېمىشقا بولمايدۇ؟ ئۈچىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ”شەرقىي تۈركىستان“ نى ئۆز
دۆلىتىنىڭ تەركىۋى قىسمى، يەنى بىر ئۆلكىسى دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن،
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ ۋەتەننى مۇستەقىل قىلىش مۇمكىن
ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىزنىڭ ئەمدىكى كۈرەش ئۇسۇلىمىز قوراللىق كۈرەش
ئەمەس، بەلكى سىياسىي – ئىدىئولوگىيىلىك كۈرەشتۇر. شۇنداق بولغانىكەن،
ئىچكى خىتايغا بېرىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت ئالدىدا قانۇنلۇق تەلەپنى قويۇپ،
ھېچ بولمىغاندا ئۆلكىنىڭ مۇختارىيەت ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىنغۇ؟!
شېڭ شىسەينىڭ ساتقۇنلۇقى تۈپەيلىدىن ”شەرقىي تۈركىستان“ چەتئەل
باسقۇنچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش خەۋپى ئاستىدا تۇرىدۇ. ئاز – تولا
مۇختارىيەت ھوقۇقىنى بېرىش يولى بىلەن، ئۇنى خىتاي دۆلىتىنىڭ تەركىۋىدە
ساقلاپ قېلىش خىتايغا مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولسىمۇ، بىز بۇ مۇختارىيەت
ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، خەلقىمىزنى تەربىيەلەيمىز. ئاستا – ئاستا شەرت –
شارائىت يارىتىپ، ئاندىن ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقىنى تەلەپ قىلالىشىمىز
مۇمكىن. دېمەك، مۇشۇ ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ
ئىستىقلالى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار. ئۈمىدۋار بولۇپ، بەلنى
مەھكەم باغلاپ، سىياسىي – ئىدىيىۋىي كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك!»
مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئاخىرقى خۇلاسىسى مانا مۇشۇ بولدى.
3
شۇنداق قىلىپ، ئۇلۇغۋار ئىنقىلابىي غايىنى كۆڭلىگە پۈككەن مەسئۇت ئەپەندى
ھىندىستاندىن يولغا چىقىپ، دېڭىز – ئوكيانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، خىتاينىڭ
شاڭخەي شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ. ئاندىن شاڭخەيدىن خىتاينىڭ شۇ چاغدىكى
پايتەختى __ نەنجىڭ شەھىرىگە بارىدۇ.
مەسئۇت ئەپەندى ئىچكى خىتايغا بارغاندىن كېيىن، خىتاي ۋە ئىنگىلىز
تىللىرىنى پىششىق ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، ئىچكى خىتايدا ۋەتەن داۋاسىنى قىلىپ
يۈرگەن يۈرگەن يۇرتداشلىرى ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا،
ئىبراھىم مۇتىئى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ھاجى ياقۇپ ئانات قاتارلىق كىشىلەر
بىلەن تونۇشۇپ، شۇلار بىلەن بىرلىكتە ئىنقىلابىي كۈرەش پائالىيەتلىرى بىلەن
شۇغۇللىنىشقا باشلايدۇ. ئۇلار ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئىچكى خىتايدا مۇساپىر
بولۇپ ياشاۋاتقان يۇرتداشلىرىنىڭ بېشىنى بىر يەرگە قوشۇپ، ”شەرقىي
تۈركىستان يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى“ نى تەشكىل قىلىدۇ. شۇ ئۇيۇشمىنىڭ تەشۋىقات
ئورگىنى سۈپىتىدە ”شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى“، ”خانتەڭرى“، ”ئالتاي“، ”ئەرك“
قاتارلىق گېزىت – ژورناللارنى نەشر قىلىپ، ئىچكى خىتايدا ھەم ”شەرقىي
تۈركىستان“ دا تارقىتىدۇ. شۇ ئارقىلىق خەلقنى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھتا
تەربىيىلەيدۇ. خەلقنى ئىنقىلابىي كۈرەشكە چاقىرىپ، كۈرەش ئېلىپ بېرىشنىڭ
تاكتىكا ۋە ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىدۇ. ژورناللار ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە ئىككى
تىلدا چىقىرىلاتتى. ئۇيغۇرچە نەشرى مىللەتنى ئويغىتىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك
روھىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن؛ خىتايچە نەشرى بولسا، خىتاي ئەربابلىرى ۋە
زىيالىيلىرى ئارىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان
ھەققىدىكى تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، توغرا تەسەۋۋۇرغا ئىگە قىلىش، شۇ
ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋەتەننى ئازاد قىلىش
مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئىدى.
دەرۋەقە، بۇ تىرىشچانلىقلار بىكارغا كەتمىدى. ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى
ئويغانغان ”شەرقىي تۈركىستان“ خەلقى 1944 – يىلى ئىلىدا ئىنقىلاب
باشلانغاندا، دەرھال بۇ ئىنقىلابنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. خىتاي تەرەپ بولسا،
1945 – يىلىدىكى ”تىنچلىق سۆھبىتى“ ۋاقتىدا ”شەرقىي تۈركىستان“ خەلقىگە ئاز
– تولا كەڭچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولدى. نەتىجىدە، خەلقىمىزنىڭ دېموكراتىك
ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلغان سىياسىي ھۈججەت __ ”11 ماددىلىق بېتىم“
مەيدانغا كەلدى.
مەسئۇت ئەپەندى ئۆزى يات ئەللەردە مۇساپىر بولۇپ، يوقسۇللۇقنىڭ دەردىنى
تارتسىمۇ، يېنىدا بار – يوقىغا قەغەز – قەلەم سېتىۋېلىپ، ۋەتەنپەرۋەلىك
تېمىسىدا ماقالىلارنى يازدى. ئۇنىڭ شۇ يىللىرى يازغان ”ئۇلۇغ ئانا“،
”تۈركلۈك ئوران (نىسبىتى)“، ”يۇرت يىغىمى“، ”نىياز قىز“، ”ئىلىك ئۆگرەتمەن
(تۇنجى مۇئەللىم)“، ”ياشلىرىمىز ھەققىدە“، ”بىرىنچى پۈتۈك“، ”ئىككىنچى
پۈتۈك“، ”ئۈچىنچى پۈتۈك“، ”تۆتىنچى پۈتۈك“، ”بەشىنچى پۈتۈك“، ”قازاقلار“،
”تۇڭگانلار“، ”ئۇيغۇرچە سەرپ ۋە نەھۋى“ قاتارلىق ئون نەچچە پارچە نادىر
ئەسەرلىرى بار. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى يېزىپ، ئۆزى كۆچۈرۈپ، ئۆزى
بېسىپ چىقىرىپ، ئۆزى تارقاتقان. ئەپەندى ئۇ چاغلاردا ئىچكى خىتايدا مۇھاجىر
بولۇپ ياشايتتى ۋە ھاكىمىيەتنىڭ قوللىشىغا ئىگە ئەمەس ئىدى. شۇنداق
شارائىتتا، مۇشۇنداق جاپالىق ئەمگەك بىلەن ئون نەچچە يىلنى ئۆتكۈزگىچە
قانچىلىك ئازاب چەكمىدى دەيسىز؟
مەسئۇت ئەپەندى يۇقىرىقى ئەسەرلىرى ئارقىلىق خەلقىمىزگە ئىنقىلابىي غايە ۋە
ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ سىڭدۈردى. ئۇنىڭدىن سىرت، ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى
ساقلاش، لۇغەت بايلىقىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىمۇ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى.
تۈركىي تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ يۇقىرىلىقى، گۈزەللىكى ۋە ئاھاڭدارلىقىنى
تەكىتلەپ، بۇ تىلنى __ ئۆزىمىزنىڭ تۈركىي تىل فوند ھېسابىدا بېيىتىشنى، يات
تىل ئاتالغۇلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن ساقلاشنى تەشەببۇس قىلدى. ساپ تىلدا
سۆزلەپ، جۈملىلەرنى راۋان، ئىخچام تۈزۈش كېرەكلىكىنى ئۆگەتتى. مەلۇمكى، تىل
__ مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئەڭ ئاساسىي شەرتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن،
مىللىي تىلنىڭ پۈتۈنلۈكى ۋە ساپلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش __ مىللەتنىڭ مەۋجۇت
بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن كۈرەش دېگەنلىكتۇر. بىز مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئانا تىلنى
ئاسراش توغرىسىدىكى سەمىمىي نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمىدۇق، تىلىمىزنىڭ
ساپلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلمىدۇق. نەتىجىدە، قانداق ئەھۋالغا چۈشۈپ
قالغانلىقىمىزنى ھازىر كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز.
دېمەك، مەسئۇت ئەپەندى ئاتاقلىق ئىنقىلابچى، سىياسىي ئەرباب بولۇش بىلەن
بىرگە، يېتۈك ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيدۇر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مىللىتىمىزنىڭ ھايات
– ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپكى مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان ئەسەرلەردۇر. شۇنىڭ
ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەسئۇت ئەپەندى ئىچكى خىتايغا بارغاندىن كېيىن، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ
ۋاسىتىسى ئارقىلىق خىتاي دۆلىتى مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەربابلىرى بىلەن
تونۇشىدۇ. بۇ ئەربابلارغا ئاستا – ئاستا يېقىنلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۇرت
دەۋاسىنى، يەنى ”شەرقىي تۈركىستان“ غا مىللىي مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىش
مەسىلىسىنى قويۇشقا باشلايدۇ. مۇمكىن بولغان بارلىق پۇرسەتلەردىن
پايدىلىنىپ، ”شەرقىي تۈركىستان“ نىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، ئۇنىڭ تارىخى، بۇ
ئۆلكىنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ
ئەھۋالى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ يەرلىك خەلقلەرنى رەھىمسىز
ئېزىۋاتقانلىقىنى، ئۆلكىدە مىللىي مەسىلىنىڭ بارغانسېرى
كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىنى دۇرۇس ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ھەل
قىلىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا
قويىدۇ.
مەركىزىي ھۆكۈمەت بۇ تەكلىپلەرنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلىمىگە ۋە
مىللەتپەرۋەرلىك روھىغا قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىبار بىلەن قاراشقا ۋە
ھۆرمەت بىلدۈرۈشكە باشلايدۇ. ئۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىلى دەپ تونۇپ، خىتاي
مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغا تەكلىپ قىلىدۇ. مەلۇم ۋاقىت
ئۆتكەندىن كېيىن، مەركىزى ھۆكۈمەت تەپتىش پالاتاسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغا
تەيىنلەيدۇ. ئۇ، مۇشۇ سالاھىيىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانداق يىغىن
– قۇرۇلتايلىرىغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. ئۇ ئۆزى قاتناشقان بارلىق
قۇرۇلتاي ياكى يىغىن مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ، ”شەرقىي تۈركىستان“ نىڭ
قانۇنىي ۋەكىلى سۈپىتىدە سۆز قىلىپ، بۇ ئۆلكىگە ئالىي دەرىجىلىك مىللىي
مۇختارىيەت ھوقۇقىي بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق تەلەپلەرنى ھەربىر
يىغىندا دېگۈدەك ئېغىزچە ياكى يازمىچە شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇراتتى.
شۇلارنىڭ ئىچىدە، تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغىنى، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ 1941 – يىل 3
– ئاينىڭ 37 – كۈنى، گومىنداق پىرقىسىنىڭ چوڭچىڭ شەھىرىدە ئېچىلغان 8 –
نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا سۆزلىگەن نۇتقىدۇر.
مەسئۇت ئەپەندىنىڭ يېقىن سەبدىشى، نۇتۇقنى بىۋاسىتە نەق مەيداندىن
خاتىرىلىۋالغان كاتىبى ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بۇ نۇتۇقنىڭ قانداق
تەييارلىنىپ، قانداق سۆزلەنگەنلىكى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «1941 –
يىل 2 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، بىز __ تۈرك (ئۇيغۇر)، مۇڭغۇل، تىبەت ۋەكىللىرى
جۇڭگو دۆلەت پالاتاسىنىڭ باشلىقى سۈن كو جانابلىرىنى زىيارەت قىلغان ئىدۇق.
زىيارەت جەريانىدا خىتاي دۆلىتىنىڭ ئالدىدا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە
سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. بىز رەئىس جانابلىرى بىلەن تۈركىستان ئۆلكىسىنىڭ
زۆرۈر ئېھتىياجلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق. بۇ ئېھتىياجلارنى ھەل قىلىش
ئۈچۈن رەھبەرلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈندۇق. سۈن كو
جانابلىرى بىزگە زور ئىلتىپات كۆرسەتتى. ئالدىمىزدا ئېچىلىدىغان پىرقە
قۇرۇلتىيىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىگىمۇ سۆز قىلىشقا پۇرسەت
يارىتىپ بېرىشكە ۋەدە بەردى. بىز قايتىپ چىققاندىن كېيىن، تۈركىستانلىق
يۇرتداشلار بىرلىشىپ، مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ۋەتەن دەۋاسى
توغرىسىدىكى تىلەك ۋە تەكلىپلىرىمىزنى قەغەز يۈزىدە ئىزھار قىلىپ،
گومىنداڭنىڭ ئېچىلغۇچى 8 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا سۇنماقچى بولدۇق. ئۇزۇن
ئۆتمەي، مەكتۇبمۇ تەييار بولدى. مەزكۇر تەكلىپنامىنى سۈن كو جانابلىرىغا
سۇنۇش ئۈچۈن تۈركىستانلىقلار، مۇڭغۇللار ۋە تىبەتلىكلەردىن بولۇپ، جەمئىي 9
نەپەر ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىل قىلىندى. تۈركىستانلىق ۋەكىللەر قاتارىدا
مەنمۇ بار ئىدىم.
3 –
ئاينىڭ 25 – كۈنى كەچتە، بىز سۈن كو جانابلىرىنىڭ قوبۇلىدا بولدۇق. سۈن كو
جانابلىرى بىزنىڭ تەكلىپنامىمىزنىڭ مەزمۇنىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن،
مەسئۇت ئەپەندىدىن:
-
قۇرۇلتايغا باشقا تەكلىپلىرىڭىز بارمۇ؟ - دەپ سورىدى. مەسئۇت ئەپەندى:
-
تەكلىپىم بار. لېكىن مېنىڭ تەكلىپىمنى خىتاي مىللەت ۋەكىللىرى ئانچە قوللاپ
كەتمەسمىكىن دەپ ئويلايمەن. چۈنكى مەن تۈركىستانغا خاس مىللىي مەسىلىلەرنى
ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان مىللەتپەرۋەرلىك روھىدىكى تەكلىپلەرنى
ئوتتۇرىغا قويىمەن. چىن دۆلىتىنىڭ ئاتاقلىق ئەربابلىرى، ئېھتىمال،
تۈركىستاننى، ئۇ يەردىكى يەرلىك تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى، ئۇلارنىڭ
مىللىي ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى چۈشەنمەيدىغاندۇ؟ بەزىلەر بىزنىڭ نامىمىزنى
”خۇي“ دەپ ئاتاشقا تەكلىپ قىلىپتۇ. ”خۇي“ دېگەن ئەسلىدە ئىسلام دىنىغا
ئائىد ئىسىم بولۇپ، بىزنىڭ ”تۈرك“ دېگەن نامىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى
يوق. بىز ئۆزىمىزنىڭ ”تۈرك“ نامىمىز بىلەن ئاتىلىشىمىز كېرەك!
ئىككىنچىدىن، بىز ئۆزىمىزنى ئازاد قىلىش بىلەن بىرگە، باشقىلارنىڭمۇ ئازاد
– ھۈر بولۇشىنى ئىستەيمىز. بۇ ”تىيەن شىياۋ گوڭ“ شۇئارىغىمۇ ھەم ھۆكۈمەتنىڭ
دۇنياۋىي سىياسىتىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ،- دېدى.
سۈن
كو جانابلىرى مەسئۇت ئەپەندىنىڭ بۇ پىكىرلىرى بىلەن كېلىشتى. مەسئۇت
ئەپەندى يەنە سۆز ئېلىپ، مۇمكىن بولسا، تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە بىر
مەرۇزە(؟) سۆزلەش ئۈچۈن قۇرۇلتاي مۇنبىرىدىن ئورۇن بېرىلىشىنى ئىلتىماس
قىلدى.
3 –
ئاينىڭ 26 – كۈنى، مەركىزىي ھۆكۈمەت مىللىي ئىشلار ھەيئىتىنىڭ رەئىسى ۋۇ
سوڭشىن مەسئۇت ئەپەندىگە:
-
رەئىسلەر كېڭىشى قۇرۇلتايدا سىزنىڭ سۆزگە چىقىپ، تۈركىستان مەسىلىسى
ھەققىدە ئۆز پىكرىڭىزنى بايان قىلسىڭىز بولىدىغانلىقىنى قارارلاشتۇردى،-
دەپ خەۋەر قىلدى.
3 –
ئاينىڭ 27 – كۈنى چۈشتىن كېيىنكى يىغىنغا رەئىسلىك قىلغان سۈن كو جانابلىرى
مەسئۇت ئەپەندىنىڭ تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلىشىغا ئىجازەت
بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. مەسئۇت ئەپەندى ۋەكىللەرنىڭ گۈلدۈراس ئالقىش
سادالىرى ئىچىدە مۇنبەرگە چىقتى. ئۇ نۇتقىنى مۇنداق باشلىدى:
-
رەئىس جانابلىرى، جانابى ۋەكىللەر ۋە مېھمانلار!
مەن
بۈگۈن بۇ مۇنبەردە تۈركىستان خەلقى نامىدىن سۆز قىلىۋاتقانلىقىمدىن
ناھايىتى خۇرسەنمەن. مېنىڭ قۇرۇلتاي مۇنبىرىدە تۇرۇپ، ئۆز پىكىرلىرىمنى
ئېيتىشىمغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن يىغىن باشقارمىسىغا مىننەتدارلىق
بىلدۈرىمەن!
جانابلار! بۈگۈن بۇ مۇنبەردە مېنىڭ تۈركىستان ھەققىدە بىر نۇتۇق سۆزلەپ
بېرىشىمنى خالىغان ئىكەنسىلەر، تۈركىستان ھەققىدە مەن ئۆزەممۇ چوڭقۇر
بىلىمگە ئىگە ئەمەسمەن. چۈنكى يۇرتۇمدىن ئايرىلغىنىمغا ئۇزۇن بولدى. شۇنداق
بولسىمۇ، تۈركىستان بىزنىڭ يۇرتىمىز، تۈركىستانلىقلار بىزنىڭ
قېرىنداشلىرىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن، بىزنىڭ ئەقلىمىز، غەم – قايغۇمىز،
قۇلىقىمىز ھەر دائىم شۇ ياقتا. يۇرت توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىمىز،
ئوقۇغانلىرىمىز بار. ئەگەر خالىساڭلار، ئەنە شۇلار توغرۇلۇق، يەنى
تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئارزۇلىرى ۋە ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىم ھەققىدىكى
پىكىرلىرىمنى بايان قىلىپ بەرمەكچىمەن.
مېنىڭچە، بۈگۈنكى تۈركىستاندىكى ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ مۇھىم مەسىلە __ بۇ
مىللىي مەسىلىدۇر. يەنى بۇ مەسىلە ھەل بولماي تۇرۇپ، تىنچلىق ۋە
تەرەققىياتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.
چىن
مەملىكىتى تۈركىستاننى ئۆزىگە قوشۇۋالغىنىغا 200 يۈز بولدى دېيىلمەكتە.
ئەگەر شۇنداق دېگەن تەقدىردىمۇ بۇ تارىخ پۈتۈنلەي ئۇرۇش ۋە جەڭگە –
جېدەللەر تارىخىدۇر. بۇ ئۇزاق تارىخىي دەۋردە ھەددى – ھېسابسىز قان
تۆكۈلدى. ھەر ئىككى تەرەپتىن مىليونلارچە ئىنسان ھالاك بولدى. تۈركىستان
خەلقىنىڭ مىڭ يىللار بويى ياراتقان مەدەنىيىتى ئۇرۇش ئوتلىرىدا كۆيۈپ كۈل
بولدى. بۇ كەبى پاجىئەلىك ۋەقەلەر تاكى بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
خەلقىمىزنىڭ بېشىغا چۈشكەن بۇ كۈلپەتلەرنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس.
تۈركىستان زېمىنىدا بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان زورلۇق –
زۇمبۇلۇقلار قانۇن بىلەن مەنئى قىلىنمىسا، تۈركىستاندا يەنە بىر
ئىنقىلابنىڭ چىقىشى مۇھەققەقتۇر. ئىنقىلابنىڭ تۇغۇلۇشى قانچىلىك يوللۇق
بولسا، ئۇنىڭ داۋاملىشىشىمۇ شۇنچىلىك يوللۇقتۇر... قىسقىسى، بىز
تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىي ھۆرلۈك دەۋالىرىمىز ئۇزاق تارىختىن تاكى
بۈگۈنگىچە ھەل قىلىنماي كېلىۋاتىدۇ. بۇ، چىن جەمئىيىتىدىكى جىددىي ئويلىنىپ
كۆرۈپ، ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي مەسىلىدۇر. بۇنىڭ
بىز ۋە دۇنيا بىلەن مۇناسىۋىتى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ زىددىيەتلەر مۇۋاپىق
ھەل قىلىنمايدىغان بولسا، كېلەچەكتە يەنە ئىنقىلاب بولغۇسى، يەنە قان
تۆكۈلۈپ، قۇربانلار بېرىلگۈسىدۇر...
ئەگەر مەركىزى ھۆكۈمەت تۈركىستاندا مىللىي مەسىلىنى دۇرۇس ھەل قىلىپ،
يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئارزۇلىرىنى قانائەتلەندۈرسە، ئۇلار ھۆكۈمەتتىن
رازى بولۇپ، ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن ياردىمىنى
ئايىمايدۇ. ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەنپەئىتى چىن دۆلىتى ئىچىدىكى
مىللەتلەرنىڭ بىرلىك – ئىتتىپاقلىقىنى تەلەپ قىلماقتا. مۇشۇنداق شارائىتتا،
مەملىكەتنىڭ ئارقا سېپىدە ئىتتىپاقسىزلىق، ئىچكى ئۇرۇش كېلىپ چىقىدىغان
بولسا، بۇنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قازىنىشىغا سەلبى تەسىر
كۆرسىتىدىغانلىقى تەبىئى ۋە ئېنىقتۇر.
مەن
تۈركىستاندا مىللىي مەسىلىنى توغرا ھەل قىلىش ئۈچۈن مەركىزى ھۆكۈمەت
ئالدىغا تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى تەقدىم قىلماقچىمەن:
بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ نامى «شىنجاڭ» ئەمەس، «تۈركىستان» دۇر. تۈركىستاندىكى
يەرلىك خەلقنىڭ نامى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ئەمەس، بىر پۈتۈن تۈرك
مىللىتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەركىزى ھۆكۈمەت ئالدى بىلەن بىزنىڭ يۇرتىمىز ۋە
مىللىتىمىزنىڭ ھەقىقىي نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرسۇن، شۇ نام بىلەن ئاتىسۇن ۋە
بۇنى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق بېكىتسۇن!
ھازىر مەركەزدىكى ئايرىم ئەربابلار نۇتۇقلىرىدا ۋە بەزى نەشر ئەبكارلىرىدا:
«چىن دۆلىتى تەركىبىدە ياشاۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇلار بىلەن
نەسىلداش بولۇپ، بىز ھەممىمىز ”خۇاڭدى“ نىڭ ئەۋلادلىرىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن،
ھەممىمىز بىر پۈتۈن جۇڭخۇا مىللىتى ھېسابلىنىمىز!» دەيدىغان پىكىرلەر پات –
پات تەكرارلىنىدىغان بولۇپ قالدى. مۇنداق سۆزلەر بىزنى ئەندىشىگە سالماقتا
ۋە قورقۇتماقتا. بۇ، قىلچە ئىلمىي ئاساسى يوق، ساختا ۋە يالغان چۈشەنچىدۇر.
ئەگەر مەركىزىي ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى مۇشۇنداق خاتا
چۈشەنچىلەر ئاساسىغا قۇرىدىغان بولسا، بۇ ناھايىتى چوڭ خاتالىق بولىدۇ.
مۇنداق خاتا سىياسەت ئەمەلگە ئاشمايلا قالماستىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى
بۇزىدىغان زىيانلىق سىياسەتتۇر.
چىن
ھۆكۈمىتى پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا ماختىنىپ: «بىز دېموكراتىك دۆلەت. بىز
مىللىي، دېموكراتىك، ئەركىن جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن كۈرىشىۋاتىمىز. بىز پۈتۈن
دۇنيادىكى ئېزىلگەن مىللەتلەرگە ئۇلارنىڭ مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىقىدىن
قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم بېرىمز! جاھانگىرلار كىچىك مىللەتلەرنىڭ تۇپرىقىنى
بېسىۋېلىپ، خەلقىنى قۇل قىلىپ ئىشلەتمەكتە، ئېزىپ قانلىرىنى شورىماقتا.
ئۇلارنىڭ مەقسىتى كىچىك مىللەتلەرنى ئاسىمىلاتسىيە قىلىپ يوقىتىشتىن
ئىبارەت» دەپ جار سالماقتا.
مۇشۇنداق دەپ جار سالغان چىن دۆلىتى ئۆزىنىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئۆزى ئەمەل
قىلمىسا، كىچىك مىللەتلەر ئۇلارغا قانداقمۇ ئىشەنسۇن؟ مەملىكەتتە قانداقمۇ
ئىناقلىق – خاتىرجەملىك بولسۇن؟ ئۇنىڭ خەلقئارادا قانداقمۇ ئابرۇيى
بولسۇن؟!
ئەپەندىلەر! بىز تۈركىستانلىقلار چىن دۆلىتىنىڭ تەركىبىدە بولساقمۇ، تەڭ
ھوقۇقلۇق، ئەركىن، پاراۋان ۋە مەدىنىيەتلىك مىللەت سۈپىتىدە ياشاشنى
ئىستەيمىز. بىز چىن دۆلىتىنىڭ ھەقىقىي مەنىدە ئازاد مىللەتلەرنىڭ دوستلۇق
ئائىلىسى بولۇپ قېلىشىنى ئىستەيمىز. بىز مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىزگۈ
نىيىتىمىزنى توغرا چۈشىنىپ، چىن دۆلىتىدە مىللىي مەسىلىنى توغرا،
ئادالەتلىك ھەل قىلىدىغان يولنى تاپالايدۇ دەپ ئىشىنىمىز!
شۇنداق بولسىمۇ، تۈركىستاندا مىللىي مەسىلىنى توغرا، ئۈزۈل – كېسىل ھەل
قىلىشتا ياردىمى بولار دېگەن ئوي بىلەن تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى سۇنىمەن
(مەسئۇت ئەپەندى بۇ پروگراممىلىق تەكلىپنامىسىدا ھاكىمىيەتنى خەلققە بېرىش،
دېموكراتىك ھوقۇقلارنى تەمىن ئېتىش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيەتنى
جانلاندۇرۇش، خەلقنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش، ئاخىرىدا، تۈركىستانغا ئالىي
مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىشنى تەلەپ قىلغان يەتتە ماددىلىق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا
قويىدۇ – سابىت ئۇيغۇرى):
ۋەكىللەر! مەن گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان دوكتور سۈن جوڭشەننىڭ
روھىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. مۇشۇ قۇرۇلتاي مۇنبىرىدىن بۇ نۇتۇقنى
سۆزلىشىمگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن باشقۇرۇش ھەيئەتلىرىگە يەنە بىر قېتىم
تەشەككۈر ئىزھار قىلىمەن!
مەسئۇت ئەپەندىنىڭ نۇتقى ئاياغلاشقاندا، پۈتۈن زالدىكى ۋەكىللەر بىر نەچچە
مىنۇتقىچە ئالقىش ساداسى ياڭراتتى. ئەپەندىمنىڭ نۇتقى قۇرۇلتاي زالىدىن
ھالقىپ چىقىپ، پۈتۈن چىن دۆلىتىنى بۈيۈك تەسىرات ئىچىدە قالدۇردى.
ئەتىسى، قۇرۇلتاينىڭ ”ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار
لايىھەسى“ مەسئۇت ئەپەندىگە كۆرسىتىلدى. بۇ لايىھەدە مەسئۇت ئەپەندىنىڭ
تەكلىپلىرىگە تولۇق يەر بېرىلگەن ئىدى.»
ھۆرمەتلىك كىتابخان! مەسئۇت ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقى نۇتقى بۇنىڭدىن توپتوغرا
66 يىل بۇرۇن سۆزلەنگەن ئىدى. ئارىدىن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ
كەتكەن بولسىمۇ، نۇتۇقتا ئېيتىلغان يالقۇنلۇق سۆزلەر خۇددى تۈركىستاننىڭ
ئازاتلىق مارشىدەك ھازىرغىچە جاراڭلاپ تۇرماقتا. بۇنى ئاڭلىغان ھەربىر
ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە ئەكس سادالار ياڭرىماقتا.
نېمىدېگەن دادىل ۋە مەردانە ئېيتىلغان سۆزلەر بۇ؟! مەسئۇت ئەپەندىدىن
كېيىن، بۇرھان شەھىدى، سەيپىدىن ئەزىزى، ئىسمائىل ئەمەت، تۆمۈر داۋامەت،
ئابلەت ئابدۇرېشىت قاتارلىق ئۆلكە رەئىسلىرى ئۆتتى ۋە ھازىر ئىسمائىل
تىلىۋالدى رەئىس بولۇپ تۇرماقتا. ئۆزىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىلى دەپ
ئاتىۋالغان بۇ شەخسلەرنىڭ قايسىبىرى خىتاي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلتاي مۇنبىرىدە
تۇرۇپ، مۇشۇنداق دادىل، مەردانە سۆزلەرنى ئېيتالىدى؟ قايسى بىرى خىتاي
دۆلىتىنى قايىل قىلىپ، ئۆلكىنىڭ نامى «شىنجاڭ» ئەمەس، «شەرقىي تۈركىستان»
دەپ ئېتىراپ قىلدۇرالىدى؟
مانا
مۇشۇ نۇقتىدىن سېلىشتۇرساقلا، زادى كىمنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابچى
ئىكەنلىكى، كىمنىڭ ۋەتەن ساتقۇچ، خائىن ئىكەنلىكى كۆز ئالدىمىزدا روشەن
نامايەندە بولىدۇ.
بۇنىڭدىن 60 نەچچە يىل بۇرۇنقى گومىنداڭ ئەربابلىرى: «چىن دۆلىتى
تەركىبىدە ياشاۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇلار بىلەن نەسىلداش بولۇپ،
بىز ھەممىمىز ”خۇاڭدى“ نىڭ ئەۋلادلىرىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممىمىز بىر پۈتۈن
جۇڭخۇا مىللىتى ھېسابلىنىمىز!» دېگەن بولسا، بۈگۈنكى كوممۇنىستلارمۇ ئۇ
سۆزلەرنى ئۆز ئەينى پېتى تەكرارلىماقتا. مەسىلەن، خىتاي كوممۇنىستىك
پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى جاڭ زېمىن 1990 – يىل 2 – ئاينىڭ 15 – كۈنى،
مىللىي مەسىلە ھەققىدە ئېچىلغان مەملىكەتلىك خىزمەت يىغىنىدىكى سۆزىدە
مۇنداق دېگەن:
«ئېلىمىزدىكى مىللەتلەر ئۇزاق تارىخ جەريانىدا بىرلىككە كەلگەن چوڭ دۆلەتنى
شەكىللەندۈردى... نەتىجىدە ”جۇڭخۇا مىللەتلىرى“ دەيدىغان ئورتاق نام
بارلىققا كەلدى... قىسمەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ”يەندى“، ”خۇاڭدى“
ئەۋلادلىرى دېگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرلەرنى
ئوتتۇرىغا قويماقتا. ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان چاقىرىق كۈچىنى ئاشۇرۇش
ئۈچۈن، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا ”جۇڭخۇا مىللەتلىرى“، ”جۇڭخۇا ئوغۇل –
قىزلىرى“ دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قوللىنىشنى ئويلاپ كۆرسەك بولىدۇ.»
يۇقىرىقى سېلىشتۇرمىدىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن گوڭسەنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ
مىللىي سىياسىتىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قىلچە پەرق يوق
ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. يەنى ھەر ئىككىلىسى خىتايدىن باشقا
مىللەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ
قىلمايدۇ. ”جۇڭخۇا مىللىتى“ دېگەن نامىدا ھەممىسى ئاسىمىلاتسىيە قىلىپ،
خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.
ئەمدى ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقىنى بەرمەيدىغانلىقىغا
كەلسەك، بۇ مەسىلىگە خىتاينىڭ ھازىرقى سابىق باش مىنىستىرى لېي پىڭ مۇنداق
دەپ جاۋاب بېرىدۇ:
«دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. دۆلىتىمىزدە 56 مىللەت
بار. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 80 مىليوندىن ئاشىدۇ. يەنى پۈتۈن
مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ 8% نى تەشكىل قىلىدۇ. مىللىي ئاپتونوم رايونلارنىڭ
ئاھالىسى پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ 14% نى تەشكىل قىلىدۇ. ۋەھالەنكى،
مىللىي ئاپتونوم رايونلارنىڭ يەر كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەت زېمىنىنىڭ 64% نى
تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ
كۆپىنچىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا ... شۇنىڭ ئۈچۈن، مىللەتلەر
ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش كېرەك، فېدراتسىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك
دېگەن شۇئارلار جۇڭگوغا توغرا كەلمەيدۇ... پەقەت ھازىر بىز قوللىنىۋاتقان
مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش دۆلىتمىزنىڭ مىللىي
مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي تۈزۈمدۇر...»
دېمەك، جاۋاب ناھايىتى ئېنىق، مەقسەت چۈشىنىشلىك بولدى. لېي پىڭنىڭ ئېيتىشى
بويىچە، خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى ناھايىتى كۆپ، يېرى ئاز، ئۆزىنى ئۆزى
باقالمايدۇ. ئاز سانلىقلارنىڭ بولسا، ئەكسىچە، نوپۇسى ئاز، يېرى كۆپ،
بايلىقى مول. ئۇلار خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتسە، ياخشى كۈن كۆرەلمەيدۇ.
ئامما خىتايلار ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالسا، ئاچ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ
بايلىقلارنى قولدىن چىقىرىۋېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. بۇلارنىڭ خىتايدىن
بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىشىگە ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك. بۇلارنىڭ خەلقىنى قۇل
قىلىپ ئىشلىتىپ، بار بايلىقىنى تارتىۋېلىش كېرەك! ئەگەر قارشىلىق كۆرسەتسە،
1990 – يىل 5 –، 6 – ئاپرىل كۈنلىرى قەشقەرىيەدىكىگە ئوخشاش ”مىللىي
بۆلگۈنچىلەر“ نى قىرىپ تاشلاش كېرەك. خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ جاھانگىرلىك
مەنتىقىسى مانا شۇ. بۇ بىز ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەس، بەلكى خىتاي باسقۇنچىلىرى
”شەرقىي تۈركىستان“ نى بېسىۋالغان 200 نەچچە يىلدىن بېرى يۈرگۈزۈپ
كېلىۋاتقان سىياسىتىدۇر.
مەسئۇت ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ بۇ جاھانگىرلىك سىياسىتىنى پاش
قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغانىدى. ئەمدى بولسا، بىز كۈرەش
قىلىۋاتىمىز. مىللىي زۇلۇم يوقالمىغىچە، مىللىي كۈرەش توختىمايدۇ –
ئەلۋەتتە!
مەسئۇت ئەپەندىنىڭ يۇرت ئىستىقلالى توغرىسىدىكى دەۋالىرى يۇقارقى بىر نۇتۇق
بىلەنلا توختاپ قالغىنى يوق. ئۇ مەسلەكداش سەبداشلىرى مۇھەممەد ئىمىن
بۇغرا، ئىسيا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئۆزلىرىگە قولايلىق
بولغان ھەر بىر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئېغىزچە ھەم يازمىچە ھالدا جاللات
شېڭ شىسەينىڭ سىتالىنچىلار بىلەن بىرلىشىپ، تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن
قىلىۋاتقانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلاتتى. تۈركىستان خەلقىگە تېزرەك ئالىي
مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلاتتى. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى
دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ لايىھىسىنى ئېلان قىلىپ، خەلقنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ،
پىكىر بېرىشىگە سۇنغان ۋاقىتتا، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى
تەكلىپلەرنى يېزىپ چىقىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتكە سۇنغان:
1.
تۈركىستان ئەسلى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ يۇرتى. بۇ زېمىندا قەدىمدىن
ھازىرغىچە تۈرك ئەۋلادلىرى ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئۆلكىنىڭ
نامى «شىنجاڭ» دەپ ئاتالماستىن، «تۈركىستان» دەپ ئۆز نامى بىلەن ئاتالسۇن.
بۇ ئۆلكىدە ياشىغۇچى يەرلىك خەلق «تۈرك» دەپ ئاتالسۇن. بۇ ناملار ئاساسىي
قانۇنغا قەيت قىلىنسۇن!
2.
ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىككىنىچى ماددىسىغا: «تۈركىستاندا ياشىغۇچى
تۈركىي مىللەتلەرگە ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىلىدۇ» دەپ قوشۇمچە
كىرگۈزۈلسۇن!
3.
ئاساسىي قانۇن لايىھەسىگە: «مىللىي ئۆلكىلەرنىڭ مەمۇرىي رەئىسى، ۋىلايەت
ۋالىلىرى، ناھىيە ھاكىملىرى ۋە باشقا يۇرت چوڭلىرى شۇ تەۋەدە ياشىغۇچى ئاز
سانلىق مىللەتنىڭ ئۆز كىشىلىرىدىن قويۇلىدۇ» دېگەن قوشۇمچە كىرگۈزۈلسۇن!
4.
ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنىڭ 27 – ماددىسىغا: «ئاز سانلىق مىللەتلەر
ياشايدىغان رايونلاردىن سايلىنىدىغان ھەر دەرىجىلىك خەلق ۋەكىللىرى شۇ
يەردىكى مىللەتنىڭ ئۆز كىشىلىرىدىن سايلىنىشى شەرت» دېگەن قوشۇمچە
كىرگۈزۈلسۇن!...» مانا مۇشۇنداق، 12 ماددىلىق تەكلىپنامە تەييارلاپ،
مەركىزى ھۆكۈمەتكە سۇنغان.
1942
– يىل 2 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، مەسئۇت ئەپەندى يۇقىرىقى مەزمۇنلارنى ئۆز
ئىچىگە ئالغان 6 ماددىلىق بىر تەكلىپنامە تەييارلاپ، خىتاي دۆلەت باشلىقى
جاڭ جيېشى سۇنغان. مۇنداق مىساللارنى كۆپلەپ كەلتۈرۈش مۇمكىن.
1945
– يىل مارت ئېيىدا، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىكى بەزى ئەربابلار:
«شىنجاڭنىڭ يەر – زېمىنى ناھايىتى كەڭ، ئاھالىسى تارقاق، ھاۋا يوللىرى يوق،
قاتناش ئىشلىرى قولايسىز، شۇڭلاشقا بىر مەركەزدىن باشقۇرۇش قىيىن» دېگەننى
باھانە قىلىپ، ئۆلكىنى مەمۇرىي جەھەتتىن ئۈچكە بۆلۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە
شەرقىي، شىمالىي، جەنۇبىي شىنجاڭ دەپ ئاتىماقچى بولىدۇ.
بۇ
ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئەپەندىلەر دەرھال نارازىلىق مەكتۇبى تەييارلاپ،
خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە سۇنىدۇ. بۇ مەكتۇبنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى
تۆۋەندىكىچە ئىدى:
«سۇن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ”ئۈچ مەسلەك“ تەلىماتىدا ھەم بىرىنچى نۆۋەتلىك
پۈتۈن مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىدا: ”جۇڭخۇا مىنگو
تەۋەسىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مىللىي مۇختارىيەت ھوقۇقى
بېرىلىدۇ“ دەپ ئوچۇق كۆرسىتىلگەن ئىدى. مۇشۇ قارارغا ئاساسەن، تۈركىستاندا
ياشىغۇچى يەرلىك مىللەتكە مىللىي مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىلىشى كېرەك ئىدى.
بۈگۈن بولسا، مىللىي مۇختارىيەت بېرىشنىڭ ئورنىغا بىر پۈتۈن ئۆلكىنى، بىر
پۈتۈن مىللەتنى پاچىلاپ تاشلاشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. ئەگەر مىللەت زورمۇ زور
پارچىلىنىدىغان بولسا، بۇ مۇقەررەر ھالدا يەرلىك مىللەتنىڭ غەزىۋىنى
قوزغايدۇ. بۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزغانلىق بولىدۇ. ئاندىن قالسا،
تۈركىستان بىر قانچە ئۆلكىگە پارچىلانغاندا، مۇقەررەر ھالدا ئەمەلدار
كۆپىيىدۇ. ئارمىيە سانى ئاشىدۇ، خىراجەت ئېغىرلىشىدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ نامرات
ياشاۋاتقان خەلق بۇنچىلىك ئېغىر يۈكنى كۆتۈرەلمەيدۇ. يەنە ئېيتساق، يېڭىدىن
بۆلۈنگەن ئۆلكىلەر ئارىسىدا يەر – سۇ تالىشىش ماجىراسى كېلىپ چىقىدۇ. تۈرك
مىللىتىنىڭ ئاڭلىق زىيالىيلىرى بۇنى ”بىر پۈتۈن مىللەتنى پارچىلاپ
يۇتۇۋېتىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن تەدبىر“ دەپ چۈشىنىدۇ. نەتىجىدە، مەركەزگە
ئىشەنمەسلىك، ھەتتا ئۆچمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ...
بۇ
تارىخىي جەھەتتىن خاتا سىياسەت بولۇپلا قالماستىن، زىيانلىق، ئەكسىيەتچى
سىياسەتتۇر. مۇنداق بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتكە يول قويۇشقا قەتئىي
بولمايدۇ!...»
مەسئۇت ئەپەندى، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قاتارلىقلار
بۇ مەكتۇبلارنى خىتاي رەھبەرلىكىگە ئۈزلۈكسىز سۇنۇپ تۇرىدۇ. تەبىئىكى، بۇ
مەكتۇپلار چوڭ مىللەتچىلىك كەيپىياتىدىكى رەھبەرلەرگە ياقمايدۇ. شۇ
سەۋەبتىن، بەزى خىتاي رەھبەرلىرى بۇ ئەپەندىلەرنى ”مىللەتچى ئۇنسۇرلار
ئىكەن“ دەپ يامان كۆرۈپ قالدى. ھەتتا ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى ”دۆلەتنىڭ
بىرلىكىگە قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ“ دەپ ئەيىبلەپ، سوتقا تارتماقچىمۇ
بولدى. بىراق، مەركىزىي ھۆكۈمەت ئەزالىرى ئىچىدە بۇلارنى توغرا چۈشىنىدىغان
بەزى ئەربابلارنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن سوتلىنىشتىن قۇتۇلۇپ قالدى. شۇنداق
ئەربابلارنىڭ بىرسى __ شۇ چاغدىكى خىتاي دۆلەت پالاتاسىنىڭ باشلىقى سۈن كو
ئەپەندى ئىدى. سۈن كو ئەپەندى ”ئۈچ ئەپەندى“ گە مۇنداق دەپ جاۋاب خەت
يازىدۇ:
«مۇھتەرەم مەسئۇت، مۇھەممەت ئىمىن ۋە ئىيسا بەگ ئەپەندىلەر! 31 – مارتتا
پالاتامىزغا سۇنغان تەكلىپلىرىڭلاردىن خەۋەر تاپتىم. ”شىنجاڭغا ئالىي
مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىلسۇن!“ دېگەن تەكلىپىڭلارغا تامامەن قوشۇلىمەن. بۇ
تىلىكىڭلارنىڭ پاتراق ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن سىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ
كۈرەش قىلىمەن.»
ئېھتىرام بىلەن: سۈن كو
بۇ
پاكىتلار مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئىچكى خىتايدا يۈرۈپ، يۇرت تەقدىرى ئۈچۈن ئېلىپ
بارغان كۈرەشلىرىنىڭ پەقەت بىر سەھىپىسىدۇر.
مەلۇمكى، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تۈركىستان خەلقى ئۈستىدە مۇستەملىكىچى
ھۆكۈمرانلىقى يۈرگۈزۈشتە ئاساسەن ئىككى تۈرلۈك كۈچكە تايىناتتى. بىرىنچىسى،
تۈركىستاندىكى ھەربىي كۈچنى ئاشۇرۇپ، ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى ئاۋۇتاتتى.
ئىككىنچىسى، تۈركىستانغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ كۆچۈرۈش ئارقىلىق، بۇ
ئۆلكىنىڭ دېموگرافىيىلىك ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشاتتى. بۇ ئىككى خىل
”چاقىرىلمىغان مېھمان“ لارنىڭ كۆپىيىشى، ئۇنىڭسىزمۇ نامراتلىقتا ياشاۋاتقان
خەلقكە يېڭى – يېڭى ئېغىرچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ بېرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ،
يەرلىك خەلق خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆچمەنلىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىپ،
ئۇلارغا نەپرەت كۆزى بىلەن قارايتتى.
مەسئۇت ئەپەندى 1945 – يىلى يازغان بىر پارچە ماقالىسىدا مۇشۇ ئۆچمەنلىكنى
تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەنىدى:
«تۈركىستاندىكى گومىنداڭ مىللەتچىلىرىنىڭ خەلقنى باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكى __
ئۇ چوڭ ھەربىي كۈچلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بولۇپ، يەرلىك خەلق ئۇلارغا خۇددى
ئادەم يۈزلۈك چىكەتكىلەرگە قارىغاندەك قارايتتى. ئىچكى خىتايدىن
كەلتۈرۈلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى بولسا، چىكەتكىلەردىنمۇ يامان ئاپەت
ھېسابلىناتتى. خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسىتى تۈركىستاندا 1932 – يىلى ۋە 1944 –
يىلىدىكى مىللىي ئىنقىلابلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.»
ئەينى يىللاردا گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار نازىرى،
كېيىنچە غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىنىڭ رەئىسى بولغان گېنىرال جاڭ
جىژجۇڭنىڭ «ئۈرۈمچى سۆھبىتىدىن شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغانغا قەدەر» ناملىق
سىياسىي ئەسىرىدە مەسئۇت ئەپەندى توغرۇلۇق يازغان تۆۋەندىكى سەتىرلىرى
دىققەتكە سازاۋەردۇر:
«مەسئۇت ئەپەندى بىلەن دائىم مەركىزىي ھۆكۈمەت يىغىنلىرىدا ئۇچرىشىپ
قالاتتۇق. مەن مەسئۇت ئەپەندىنىڭ شۇ يىغىنلاردا شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىستىقبال
– تەقدىرى ھەققىدە دادىللىق بىلەن ئوچۇق – ئاشكارە بايان قىلغان سۆزلىرىنى
تالاي قېتىم ئاڭلىغانىدىم. ئۇ ھۆكۈمەت يىغىنىنىڭ مۇنبىرىدە تۇرۇپ، جاللات
شېڭ شىسەينىڭ تېرورچىلىق ھەرىكەتلىرىنى غەزەب بىلەن سۆكەتتى. شۇ ئارقىلىق
جاپاكەش شىنجاڭ خەلقى نامىدىن دەرد تۆكۈۋاتقاندەك، دادخاھ ئالدىدا ئەرز –
شىكايەت قىلىۋاتقاندەك تەسىرات قالدۇراتتى. مەن مەسئۇت ئەپەندىنىڭ مۇشۇ
خىلدىكى نۇتۇقلىرىنىڭ بىر نەچچىسىگە گۇۋاھچى بولغانمەن.»
1945
– يىلى سىنتەبىردە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى گېنىرال جاڭ جىژجۇڭنى خىتاي
ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۈچ ۋىلايەتتە قۇرۇلغان
”شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى“ نىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت
ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە
ئەۋەتمەكچى بولدى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان مەسئۇت ئەپەندى تۈركىستان
مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلىش ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ، رەئىس جاڭ
جيېشىغا ۋە جاڭ جىژجۇڭغا ئايرىم – ئايرىم مەكتۇب يوللايدۇ. جاڭ جىژجۇڭغا
يوللىغان مەكتۇبنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
1.
سىز شىنجاڭغا بارغان ۋاقتىڭىزدا، يەرلىك خەلقنىڭ دەرد – ھەسرەتلىرىگە قۇلاق
سېلىپ، خەلقنىڭ ھالىغا يەتكەيسىز.
2.
شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى، مىللىي تەلەپلىرىنى توغرا
چۈشىنىپ، تولۇق قانائەتلەندۈرگەيسىز.
3.
يەرلىك خەلقكە ئالدى بىلەن تولۇق سىياسىي ئەركىنلىك بېرىپ، پۇقرالارنى
ئۇلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئىنسانىي ھەقلەر بىلەن تەمىن ئەتكەيسىز.
مەن
سىزگە مەسلىھەت تەرىقىسىدە مۇشۇلارنى تەكلىپ قىلىمەن.»
زور
ئۈمىد بىلەن: مەسئۇت سابىرى
جاڭ
جىژجۇڭ مەزكۇر خەتنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، مەزمۇنىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، بۇ
ئەپەندىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ھەم شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىلىملىرىنىڭ
چوڭقۇرلۇقىغا قايىل بولىدۇ. لەنجۇغا كەلگەن ۋاقتىدا، بۇ ”ئۈچ ئەپەندى“ نى
ھوزۇرىغا تەكلىپ قىلىپ: «مەن شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە
كېتىپ بارىمەن. شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا سىلەرنىڭ قانداق
پىكرىڭلار بار؟» دەپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ.
ئەپەندىلەر مەسلىھەت تەرىقىسىدە جاڭ جىژجۇڭغا تۆۋەندىكى پىكىرلەرنى ئېيتىدۇ
ھەم يېزىپ تاپشۇرىدۇ:
1.
مەركىزىي ھۆكۈمەت تۈركىستانغا قاراتقان سىياسىتىدە ئۆزگەرمەيدىغان مۇقىم
بىر پرىنسىپنى بەلگىلەپ، چوقۇم ئىجرا قىلسۇن. تۈركىستاندا مىللىي مەسىلىنى
ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىپ بەرسۇن.
2.
مەركىزىي ھۆكۈمەت تۈركىستاننى ئالاھىدە مىللىي رايون __ ”تۈركىستان“،
يەرلىك خەلقنى __ ”تۈرك مىللىتى“ دەپ ئېتىراپ قىلسۇن. باش مېنىستىرنىڭ
تەلىماتىغا ئاساسەن تۈركىستانغا ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىلسۇن.
3.
تۈركىستانغا مىللىي مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىلىشتىن بۇرۇن، ھەر دەرىجىلىك
باشقۇرۇش مەھكىمىلىرىگە يەرلىك خەلقنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتۇرۇلسۇن. ئۇلارغا:
”خەنزۇچە بىلىش كېرەك“ دېگەن شەرت قويۇلمىسۇن.
4.
مەركەزنىڭ تۈركىستاندا يۈرگۈزىدىغان بارلىق سىياسەتلىرى تۈركىستان خەلقنىڭ
مىللىي مەنپەئەتىگە جاۋاب بېرەلەيدىغان بولسۇن.
5.
تۈركىستان خەلقىگە سۆز – مەتبۇئات ئەركىنلىكى، تەشكىلات ئويۇشتۇرۇش
ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق ئەركىنلىكلەر تولۇق
بېرىلسۇن.
6.
تۈركىستاندا تۈرك تىلى ئاساسىي تىل سۈپىتىدە قوللىنىلسۇن. ئىدارە –
ئورگانلارنىڭ ئىش قەغەزلىرى، مائارىپ ساھەسىدە ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرى، ھەر
خىل دۆلەت ئىمتىھانلىرى يەرلىك خەلقنىڭ تىل – يېزىقىدا ئېلىپ بېرىلسۇن.
7.
تۈركىستاندا تۇتقۇن قىلىنغان سىياسىي مەھبۇسلار پۈتۈنلەي ئازاد قىلىنسۇن.
ئازاد بولغاندىن كېيىن، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىنمىسۇن. ئۇلارنىڭ مۇسادىرە
قىلىنغان مال – مۈلكى قايتۇرۇپ بېرىلسۇن!
...............................
مانا
مۇشۇنداق، 15 ماددىلىق تەكلىپنامە يېزىپ تاپشۇرۇلىدۇ.
كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، بۇ تەكلىپنامىدىكى پىكىرلەر، ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي
تۈركىستان خەلقنىڭ مىللىي ئارزۇسىنى ئىپادىلەيتتى. خەلقىمىزنىڭ تەلەپلىرىنى
قانائەتلەندۈرمەي تۇرۇپ، تۈركىستاندا تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە ئىجتىمائىي
تەرەققىياتقا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس ئ ىدى. بۇ ھەقىقەتكە جاڭ جىژجۇڭنىڭمۇ
كۆز يەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ مۇشۇ تەكلىپنامىدىكى تەلەپلەرنىڭ ئاساسىي
قىسمىنى قوبۇل قىلىپ، مۇشۇ ئاساستا ”11 ماددىلىق بېتىم“ لايىھىسىنى تۈزۈپ:
«مەركەزنىڭ سىلەرگە بېرەلەيدىغان ئەركىنلىكلىرى مۇشۇلار» دەپ ئۈچ
ۋىلايەتتىن بارغان ۋەكىللەرنىڭ ئالدىغا قويغانىدى. ئەلۋەتتە، ئالتە ئايلىق
مۇزاكىرە جەريانىدا تالاش – تارتىشلىق مەسىلىلەر يېشىلىپ، تېگىشلىك
ئۆزگىرىش ۋە قوشۇمچىلار كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ”11 ماددىلىق تىنچلىق
بېتىمى“ ھەر ئىككى تەرەپتىن ئىمزالىنىپ، ئاندىن خەلققە ئېلان قىلىندى.
يۇقىرىدا كەلتۈرۈلگەن پاكىتلار مەسئۇت، مۇھەممەد ئىمىن، ئەيسا بەگ
ئەپەندىلەرنىڭ ئىچكى خىتايدا يۈرۈپ ئىشلىگەن ئىش – پائالىيەتلىرىنىڭ
ھەممىسى ئەمەس – ئەلۋەتتە! بىراق مۇشۇ پاكىتلارنىڭ ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ زادى
كىم ئىكەنلىكىنى، نېمىگە ئېنتىلىپ، قانداق كۈرەش قىلغانلىقىنى يېتەرلىك
دەرىجىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
يەنى
ئەپەندىلەرنىڭ ئون يىللاپ ئىچكى خىتايدا خىزمەت – پائالىيەت ئېلىپ
بېرىشلىرى ھەرگىزمۇ بەزىلەر ئېيتقاندەك: «خىتايلارغا يالاقچىلىق قىلىپ، جان
بېقىش ئۈچۈن» بولماستىن، ئەكسىچە: «دۈشمەننىڭ يۈرىكىدە تۇرۇپ، تىغمۇ تىغ
كۈرەش قىلىش ئۈچۈن» ياكى ئۆزلىرى ئېيتقاندەك: «دۈشمەن بىلەن قانۇنلۇق
سىياسىي – ئىدىيىۋىي كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى يول قويۇشقا مەجبۇر قىلىپ،
داۋالاش يولى بىلەن مىللەتنىڭ ئىستىقلالىنى قولغا كەلتۈرۈش» تىن ئىبارەت
ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
جاڭ
جىژجۇڭ بۇ ”ئۈچ ئەپەندى“ بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك
روھىغا، بىلىمىگە ۋە قابىلىيىتىگە قايىل بولىدۇ. ”شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل
قىلىشتا ياردىمى بولار“ دېگەن ئوي بىلەن ئۆزى ئۈرۈمچىگە چىققاندا،
ئۇلارنىمۇ بىللە ئېلىپ چىقىدۇ. ”11 ماددىلىق بېتىم“ ئىمزالىنىپ، يېڭى
ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىنغاندا، بۇلارمۇ ”ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرى“
بولغاچقا، ئىلى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلەشكە ئوڭاي
بولىدۇغۇ،- دېگەن ئوي بىلەن، ئۇلارنى يېڭى تەشكىل قىلىنغان ئۆلكىلىك
ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ تەركىبىگە كىرگۈزىدۇ. جاڭ جىژجۇڭ ئەپەندىنىڭ تەكلىپى
بىلەن مەسئۇت ئەپەندى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە شىنجاڭنىڭ
تەپتىش ئەمەلدارى؛ مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە
تەمىرات نازارىتىنىڭ نازىرى؛ ئىيسا بەگ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى،
قوشۇمچە مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ.
بىراق، ئىش جاڭ جىژجۇڭنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدۇ. بۇ ئەپەندىلەرنىڭ
مۇستەقىللىق ئىدىيىسى، بولۇپمۇ، ئۇلارنىڭ تۈركىستاندىكى تۈركىي تىللىق
خەلقلەرنى بىر پۈتۈن ”تۈرك خەلقى“، ئۇلارنىڭ ۋەتىنىنى بىر پۈتۈن
”تۈركىستان“ دەپ تونۇشى سىتالىنچىلارغا ياقمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ”ئۈچ ئەپەندى“ ئۈرۈمچىدە پەيدا بولۇپ، ھۆكۈمەت تەركىبىگە
كىرىشى بىلەنلا، ئۇلارغا قارشى سىياسىي، ئىجتىمائىي بوران قوزغىلىپ كېتىدۇ.
ئالدى بىلەن، ئۈرۈمچىدە، ئاندىن قەشقەر، غۇلجىدا ۋە باشقا شەھەرلەردە ”ئۈچ
ئەپەندى“ قارشى نامايىشلار ئويۇشتۇرۇلىدۇ. تەشۋىق ۋەرەقىلىرى تارقىتىلىدۇ.
يىغىن – يىغىلىشلار ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇلارغا: «مىللەتچى، پانتۈركىست،
تۈركىيەنىڭ ئىشپىيونلىرى، ئەنگىلىيەنىڭ جاسۇسلىرى، خىتايپەرەست، چىن
تۈركىستانچى» دېگەندەك قالپاقلار كىيگۈزۈلۈپ، ئۇلارنى قارىلاش ھەرىكىتى
ئەۋج ئالىدۇ. مەتبۇئاتتا ئۇلارغا قارشى ماقالە – شېئىرلار پەيدا بولۇشقا
باشلايدۇ. بۇ قارىلاش ھەرىكەتلىرىگە ماس ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا چىقىدىغان
«شەرق ھەقىقىتى»، «قازاق ئېلى» قاتارلىق ژورناللاردىمۇ ”ئۈچ ئەپەندى“ گە
قارشى ماتېرىياللار ئۈزۈلمەي بېسىلپ تۇردى.
1946
– يىلى يازدا، مەسئۇت ئەپەندى ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەل – يۇرتى، ئۇرۇق –
تۇغقانلىرى، يار – بۇرادەرلىرى، قەۋم – قېرىنداشلىرىنى يوقلاش مەقسىتىدە
غۇلجىغا كەلگەنىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق رازۋىتكا
باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋ. ئى. بورسوۋ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى بارلىق
كادىرلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، دەرھال غۇلجىدىكى «ئىنقىلابچىل ياشلار
تەشكىلاتى» ئەزالىرىنى ھەم بىر قىسىم زىيالىيلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، مەسئۇت
ئەپەندىگە قارشى، ئۇنىڭ شەنىنى ھاقارەتلەيدىغان تەشۋىق ۋەرەقىلىرى يازدۇرۇپ
تارقاتقۇزدى. بۇ ئىشتا س. سەيپۇللايېۋ باشچىلىقىدىكى ئەلقەم ئەختەم، ھاكىم
جاپپار، سابىت ھاپىزىلار ئاكتىپ رول ئوينىدى. بۇ دەل رامىزان ئېيى ئىدى.
ئەلقەم ئەختەم بىر توپ تەشۋىق ۋەرەقىنى قوينىغا تىقىپ، ئاخشىمى جامائەت
بىلەن بەيتۇللاھ مەسجىدىگە كىرىپ، ئارقا سەپلەردىن ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرىدۇ.
تەراۋىھ نامىزى باشلىنىپ، جامائەت سەجدىگە ئېڭىشكەن ۋاقىتتا، ئەلقەم
قوينىدىكى تەشۋىق ۋەرەقىنى چىقىرىپ، جامائەتنىڭ بېشىغا قارىتىپ ئاتىدۇ.
بۇنى سېزىپ قالغان جامائەت ۋەرەقە تاشلىغۇچىنى تۇتماقچى بولغان بولسىمۇ،
ئەختەم چاققانلىق بىلەن قېچىپ تۇتۇق بەرمەيدۇ. ھاكىم جاپپار بىلەن سابىت
ھاپىزى تاپشۇرۇققا بىنائەن تەشۋىق ۋەرەقىلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن
كۆپەيتىپ، كوچا دوقمۇشلىرىغا، كىنوخانا – كۇلۇبلارنىڭ ئالدىغا چاپلىغان.
بىراق، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ پۇجۇركىسى بىلىنىپ قالغانلىقتىن،
ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن قاماپ قويۇلدى. لېكىن، بۇيرۇقنى ئىجرا
قىلغۇچىلار ”يۇقۇرىنىڭ كۆرسەتمىسى“ بىلەن كۆپ ئۆتمەي تۇتقۇنلۇقتىن ئازاد
قىلىندى.
سىتالىنچىلارنىڭ ”ئۈچ ئەپەندى“ گە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى تاكى ئۇلار سىياسىي
سەھنىدىن چېكىنىپ چىققۇچە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى. بۇ يەردە: «سىتالىنچىلار
”ئۈچ ئەپەندى“ گە نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ؟ ئۇلارنى نېمە
ئۈچۈن شۇنچىۋالا ھاقارەتلەيدۇ؟» دېگەن سوئالنىڭ تۇغۇلۇشى تەبىئى.
بىزچە، بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن بولاتتۇق: «سىتالىنچىلارنىڭ تۈپ
مەقسىتى __ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىغا يول قويماسلىق ۋە
ئۇنى خىتاي باسقۇنچىلىرىغا مەڭگۈلۈك مۇستەملىكە قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت».
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەپەندىلەرنىڭ ”مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇش“
دېگەن غايىسى، ئەلۋەتتە، سىتالىنچىلارغا ياقمايدۇ. مەلۇمكى، 1944 – يىلى
نويابىردا، غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان ”شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى“ توققۇز
ماددىلىق سىياسىي دىكلاراتسىيە ئېلان قىلغان بولۇپ، دىكلاراتسىيەنىڭ
بىرىنچى ماددىسىدا: «خىتاي باسقۇنچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىن ئەبەدىي
قوغلاپ چىقىرىپ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇش» دەپ ئېنىق
بەلگىلەنگەنىدى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرى مۇشۇ يۆنىلىشتە
قەتئىي تۇرۇۋاتاتتى. سىتالىنچىلار ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىنى بۇ غايىدىن ۋاز
كەچتۈرەلمەيۋاتقان ۋە خىتايغا تەسلىم بولۇپ، ئازاد ئۈچ ۋىلايەتنى خىتاي
دۆلىتىنىڭ تەركىبىگە قوشۇۋېتىشكە ئۇنىتالمايۋاتقان بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر
مۇستەقىلچى مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، سىتالىنچىلارنى تېخىمۇ
ئالاقزادە قىلىۋەتتى. مۇنچىۋالا ئالاقزادە بولۇشنىڭ سەۋەبى بار – ئەلۋەتتە!
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرى __ مەيلى ئېلىخان تۆرەم بولسۇن ياكى
ئەخمەتجان قاسىمى بولسۇن، مۇستەقىللىق يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ،
سىتالىنچىلارنىڭ تەسلىمىچىلىك تەشەببۇسلىرىغا قوشۇلمىدى ۋە قاتتىق بېسىم
ئاستىدىلا، ئامالنىڭ يوقىدىن ”تىنچلىق سۆھبىتى“ گە بارغان ئىدى. مۇشۇنداق
شارائىتتا، مۇستەقىلچى ئەخمەتجان ئەپەندىلەر بىلەن مۇستەقىلچى مەسئۇت
ئەپەندىلەر بىرلىشىۋالىدىغان بولسا، ئازادلىققا تەشنا بولۇۋاتقان شەرقىي
تۈركىستان خەلقى ئۇلارنىڭ رەھبەرلىكىدە قايتا قوزغىلىپ، خىتاي
باسقۇنچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى
قۇرۇۋېلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. ئەزەلدىن خىتاي باسقۇنچىلىرى بىلەن تىل
بىرىكتۈرۈپ، شۇلارنىڭ كەتمىنىنى چېپىپ كەلگەن سىتالىنچىلار ئىشنىڭ بۇ
تەرىقىدە مېڭىشىغا ھەرگىز يول قويالمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىتالىنچىلار ”ئۈچ
ئەپەندى“ نى: «ئەنگىلىيەنىڭ جاسۇسى، تۈركىيەنىڭ ئىشپىيونى، خىتايغا
سېتىلغان، مىللەتچى، پانتۈركىست...» دەپ قارىلاپ، خەلقكە يامان كۆرسىتىشكە،
بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۈچ ۋىلايەتتىن بارغان ۋەكىللەر بىلەن تىل تېپىشىپ،
بىرلىشىۋېلىشىغا يول قويماسلىققا تىرىشتى. ئۈچ ۋىلايەتتىن بارغان
ۋەكىللەرمۇ سىتالىنچىلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ”ئۈچ ئەپەندى“ بىلەن
ئازارلىشىپ، ئۇلارغا قارشى سىياسىي ھەرىكەتلەرنى ئويۇشتۇردى.
نەتىجىدە، پۈتۈن ئۆلكە دائىرىسىدە ئەپەندىلەرگە قارشى خەلق نامايىشلىرى
ئويۇشتۇرۇلدى، ئۇلارغا تۆھمەت، بوھتان قىلىنغان تەشۋىق ۋەرەقىلىرى
تارقىتىلدى. بۇنداق قارىلاش ھەرىكەتلىرى تاكى مەسئۇت ئەپەندى سىياسىي
سەھنىدىن چۈشكىچە داۋاملاشتى.
”11
ماددىلىق بېتىم“ نەتىجىسىدە قۇرۇلغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىر يىلغا يېقىن
نورمال خىزمەت ئىشلىدى. بۇ جەرياندا، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا ۋە پۈتۈن
دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى فاشىستىك گېرمانىيە بىلەن مىللىتارىست ياپونىيەنىڭ
مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلاشتى. مىللىتارىست ياپونىيەنىڭ مەغلۇب بولۇشى،
خىتاينىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقان خىتاي
كوممۇنىستىك پارتىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ ياردىمى بىلەن، بىردىنلا شەرقىي
شىمالدىكى تۆت ئۆلكىگە، زامانىۋىي سانائەتكە، يېتەرلىك ھەربىي تېخنىكىغا
ئىگە بولۇۋالدى. قىسقىسى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلاشقۇدەك
ئىقتىدارغا ئىگە بولدى. نەتىجىدە، 1946 – يىلى يازدا، گومىنداڭ بىلەن
گوڭسەنداڭ ئارىسىدا ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىدى. بۇ ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى
ئۇرۇش جىددىي كۈنسېرى جىددىي تۈس ئېلىپ، ھەم ھەربىي ھەم دىپلوماتىيە
جەھەتتىن يۈرگۈزۈلۈۋاتاتتى. 1947 – يىلىنىڭ باھارىغا كەلگەندە، كۈرەش
تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى
قارشى تەرەپ بىلەن سىياسىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن
ئۆزلىرىنىڭ ئاتاقلىق دىپلوماتى جاڭ جىژجۇڭنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ
رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن بوشىتىۋېلىپ، گوڭسەنداڭ بىلەن سىياسىي سۆھبەت
ئۆتكۈزۈشكە ئەۋەتمەكچى بولدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، جاڭ جىژجۇڭنىڭ ئورنىغا
ئۆلكە رەئىسى بولىدىغان كىشىنى تاللاش زۆرۈرلۈكى كېلىپ چىقتى. جاڭ جىژجۇڭ
ئۆزىنىڭ ئورنىغا رەئىس بولىدىغان كىشىنىڭ سالاھىيىتى توغرۇلۇق قاتتىق
ئويلاندى. بۇ ھەقتە جاڭ جىژجۇڭ ئۆز كىتابىدا مۇنداق دەپ يازغان:
«مەن
ئۆلكە رەئىسلىكىگە كىمنى قويۇش مەسىلىسىدە ئۇزۇنغىچە ئەستايىدىللىق بىلەن
ئويلاندىم. مەن ئىزچىل تۈردە شۇنداق ھېسابلاپ كەلدىمكى، مېنىڭ مىللىتىم
خەنزۇ، خەنزۇلار شىنجاڭ ئۆلكىسىدە ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدۇ ۋە
ئومۇمىي ئاھالىنىڭ ئاران 5% نىلا تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا خەنزۇلارنىڭ ئۆلكە
رەئىسى بولۇشى مۇۋاپىق ئەمەس. شىنجاڭدا خەنزۇلارنىڭ ئۆلكە رەئىسى بولۇشى __
مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ۋاسىتىسى بولغان گوبېرناتورلۇق تۈزۈمىدىن
دېرەك بېرىدۇ. شۇنداقلا، مىللىي مەسلەكنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە توغرىسىدىكى
پرىنسىپلىرىغىمۇ خىلاپ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆلكە رەئىسى، ئەلۋەتتە، شۇ
ئۆلكىنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلاردىن سايلىنىشى كېرەك ئىدى...»
«مەن
ئۆلكە رەئىسلىكىگە كىمنى قويۇش مەسىلىسىدە ئالدى بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى ۋە
بۇرھان شەھىدى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدۈم. ئەخمەتجان قاسىمى ياش،
ئىستىقبالى بار، كۈچلۈك قايىل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەم ئاممىۋىي ئاساسىي
پۇختا، ئەمما ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى، ئۆلكىدىكى رادىكاللارنىڭ
يولباشچىسى ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭغا رەئىسلىكىگە نەنجىڭ ھۆكۈمىتىلا ئەمەس،
بەلكى يەتتە ۋىلايەت خەلقىنىڭ قوشۇلۇشىمۇ ناتايىن ئىدى.
بۇرھانغا كەلسەك، ئۇ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان،
تۈرمىدە كۆپ ياتقان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا ئاسانلا
ئېرىشەلەيدۇ. يەنە كېلىپ، ئۇيغۇر – قازاق مىللەتلىرىنىڭ ئارىسىدا
بۇرۇندىنلا ئىناۋىتى بار. پوزىتسىيەسىمۇ بىر قەدەر نورمال رادىكاللار بىلەن
كونسېرۋاتىپلارنىڭ ماقۇللىقىدىن ئوڭايلا ئۆتەلەيدۇ. ئەڭ ئەۋزىلى، ئۇ ۋەتەن
كۆز قارىشىغا ئىگە، سوۋېت تەرەپكىمۇ مايىل. شۇڭا ئۇنى بىر قەدەر مۇۋاپىق
كېلىدىغان نامزات دەپ ھېسابلاش مۇمكىن ئىدى. بىراق ئۇ ئەزەلدىن مەركەزگە
بېرىپ باقمىغان، جاڭ جيېشى بىلەن بىر قېتىممۇ ئۇچراشمىغان بولغاچقا، ئۇ
مەركەزدىكى كىشىلەر ئۈچۈن ناتونۇش ئادەم ھېسابلىناتتى. ئەگەر ئۇنى رەئىس
نامزاتى دەپ ئوتتۇرىغا قويساق، مەركەزنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈش مۇمكىن
ئەمەس.
ئەخمەتجان قاسىمى ۋە بۇرھان شەھىدىدىن باشقا پەقەت مەسئۇت ئەپەندىلا قالدى.
ئۇ، شۇ مەزگىلدە شىنجاڭنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا
ئابرۇيلۇق كىشى ئىدى. شېڭ شىسەيگە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئىچكىرىگە قېچىپ
بېرىپ، مەركەزدە ئون يىلدىن ئارتۇق تۇرغان ۋە گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ
ھەيئەت ئەزاسى، مەركىزىي تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى
ئۆتىگەن. ئۇ دائىم مەركەزنىڭ يىغىنلىرىدا دادىل، ئوچۇق سۆز قىلىپ، شېڭ
شىسەينى سۆكەتتى. كۈچىنىڭ بېرىچە شىنجاڭ خەلقى ئۈچۈن دەرت تۆكۈپ، شىنجاڭ
خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋاكالىتەن سۆزلەيتتى. ھەممە كىشى ئۇنى شىنجاڭ
خەلقىنىڭ رەھبىرى بولالايدىغان نامزات دەپ قارىشاتتى. شۇ يىلنىڭ بېشىدا،
مەن نەنجىڭغا بېرىپ، جاڭ جيېشىغا شىنجاڭ مەسىلىسى توغرۇلۇق دوكلات بەرگەن
ۋاقتىمدا، جاڭ جيېشى ئۇنى تىلغا ئېلىپ:
_
شىنجاڭنىڭ رەئىسلىكىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرساق قانداق بولار؟ - دەپ سورىغانىدى.
مېنىڭچە، ئۇنى ئۆلكە رەئىسلىكىگە نامزات قىلىپ كۆرسەتسەك، مەركەزنىڭ
ماقۇللۇقىدىن ئوڭايلا ئۆتۈپ كېتەلەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن مەسئۇت ئەپەندىنى
ئۆلكە رەئىسلىكىگە تەۋسىيە قىلغانىدىم...»
«تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كۆپ ئۆتمەيلا، نەنجىڭ ھۆكۈمىتى ماقۇل بولدى.
1947 – يىل 5 – ئاينىڭ 19 – كۈنى، رەسمىي بۇيرۇق چۈشۈرۈلۈپ، مەسئۇت
سابىرىنىڭ ئۆلكە رەئىسلىكىگە، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئۆلكىلىك
ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى ئېلان قىلىندى.
بۇ،
زوزۇڭتاڭ زامانىدىن تارتىپ سايلانغان تۇنجى ئۇيغۇر ئۆلكە رەئىسى ئىدى.
شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا ئەرزىيدىغان خەۋەر ئىدى...
مەن
5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن كۆرۈشۈپ،
مەركەزنىڭ قارارىنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇردۇم. ئەمما ئۇ بۇ قارارغا
قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەم نۇرغۇن دەلىللەرنى كۆرسەتتى. مەن شۇ
ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا: بۇيرۇق چۈشۈپ بولدى. بۇنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ،-
دېدىم. ئۇ: ئۇنداق بولسا، بىز غۇلجىغا قايتىپ، مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن،
جاۋاب بېرىمىز،- دەپ چىقىپ كەتتى.
5 –
ئاينىڭ 28 – كۈنى، ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، يېڭى رەئىس
ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. لېكىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىلى تەرەپكە ۋەكىللىك
قىلىدىغان ھەيئەت ئەزالىرى مۇراسىمغا قاتناشمىدى...
مەن
مەسئۇت ئەپەندىنى رەئىسلىككە قويساق، ئۈچ ۋىلايەتنىڭمۇ ماقۇللىقىغا
ئېرىشىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغانىدىم ۋە ئۈچ ۋىلايەتتىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە
كۈچلۈك قارشى چىقىدىغانلىقىنى پەقەتلا مۆلچەرلىمىگەنىدىم...»
مەسئۇت ئەپەندى ئۆلكە رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، خىزمەت ئۆتىگەن كۈنلەردە،
ئۈرۈمچى خەلقى مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنى يېڭى خىزمەت ئورنى
بىلەن تەبرىكلەيدۇ. باشقا شەھەرلەر بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئەتراپىدىكى
ناھىيەلەردىن ناھايىتى كۆپ ساندا تەبرىك تېلېگراممىلىرى كېلىشكە باشلايدۇ.
بىراق، ئىلى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى ئۆلكىلىك كېڭەشنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى
ھەرىكەتلەندۈرۈپ، جاڭ جىژجۇڭغا ”نارازىلىق خېتى“ يازىدۇ ۋە: «بىز مەسئۇتنىڭ
رەئىسلىكىنى تونۇمايمىز. ئاساسىي قانۇن ئىجرا قىلىنىپ، سايلام بولغانغا
قەدەر رەئىسلىكتە ئۆزى ئولتۇرۇپ بەرسۇن. ئەگەر بۇ تەلەپ قوبۇل قىلىنمىسا،
ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشى يۇرتتا تىنچسىزلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇپ
قالىدۇ» دېگەن مەزمۇندا بىر نەچچە نۆۋەت تەلەپ كىرگۈزىدۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەيلا، تۇرپان، توقسۇنلاردا ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلاڭلار
ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. بىراق قوزغىلاڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان ھەم ۋاقىتقا
ئۇيغۇن بولمىغانلىقتىن، خىتاي ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن قانلىق تۈردە
باستۇرۇلىدۇ.
يۇقىرىقى پاكىتلار مەسئۇت ئەپەندىنىڭ قانداقلارچە ئۆلكە رەئىسى
بولغانلىقىنى، سىتالىنچىلارنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ
رەئىس بولۇشىغا قانداق قارشى تۇرغانلىقىنى ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
دېمەك، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئۆلكە رەئىسى بولۇپ تۇرغان ۋاقتى بۇ ئۆلكىدە
سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مىللىي زىددىيەتلەر كەسكىنلەشكەن،
ۋەزىيەت ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان دەۋر ئىدى. ئىلى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى
سىتالىنچىلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ تۇرۇۋالدى. تۇرپان ۋە
توقسۇندا چىققان چالا قوزغىلاڭ خىتايلارنىڭ خەلقنى قانلىق قىرغىن قىلىشغا
سەۋەب بولدى. مانا مۇشۇ ۋە باشقا مۇرەككەپ ئەھۋاللار مەسئۇت ئەپەندىنىڭ
خىزمىتىنى قىيىنلاشتۇردى. مەسئۇت ئەپەندىنىڭ تۇرپان قوزغىلىڭىنىڭ
باستۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى، ئۇنىڭ بىلەن خىتاي گارنىزون ئەسكەرلىرىنىڭ
قوماندانى سۇڭ شىليەن ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى.
قىسقىسى، ئۇنىڭ نورمال خىزمەت ئىشلىشىگە مۇۋاپىق شەرت – شارائىت بولمىدى.
شۇنداق بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ رەئىسلىك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، مىللەتنىڭ
ئىستىقبالى ئۈچۈن، مۇمكىن بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى.
ئۇ
ئىش بېشىدا تۇرغان دەسلەپكى ئالتە ئايلىق ۋاقىت __ ئىلى ۋەكىللىرى بىلەن
مۇرەسسەلىشىش، ئالتە شەھەردە ۋە تۇرپاندا تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش،
تىجارەتچىلەر ئۈستىدىكى يېرىم يىللىق باجنى، دېھقانلار زىممىسىدىكى بىر
يىللىق غەللىنى ئېلىپ تاشلاش، گومىنداڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ
زوراۋانلىقىنى چەكلەش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. ئاندىن كېيىن،
كۈچنى توپلاپ خەلق مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى.
تۆۋەندىكىلىرى ئۇنىڭ ئېلىپ بارغان ئىشلىرىنىڭ بەزىلىرى:
1.
نەنجىڭگە مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، 240 پارچە تۈرلۈك دەرسلىك كىتاب باستۇرۇپ،
مەكتەپلەرنى دەرسلىك قوللانمىلىرى بىلەن تەمىنلىدى. قىسقا مۇددەتلىك
كۇرسلارنى ئېچىپ، مۇئەللىملەرنى مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھتا
قايتا تەربىيەلىدى.
2.
مەتبۇئات ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق خەلقنى، بولۇپمۇ ياشلارنى
تەربىيىلەشكە، ئۇلارنىڭ مىللىي روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاڭ – سەۋىيەسىنى يۇقىرى
كۆتىرىشكە تىرىشتى. ياشلارغا مىللىي تارىخنى ئوقۇتۇپ، ئۆز مىللىتىنى
تونۇشقا، مىللىي غورۇرىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشتى. ئۈرۈمچىدە «خانتەڭرى»،
«ئالتاي» ژورناللىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ، مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق
قىلدى. ئالتاي نەشرىياتى ھوزۇرىدا «دەردنەك» ناملىق مەدەنىيەت كۇلۇبى
قۇرۇلۇپ، ياشلارغا ئەدەبىي كېچىلىكلەر، ئىلمىي لېكىسيەلەر، مۇشائىرىلەر،
ۋەتەن تارىخىغا، مىللىتىمىزنىڭ تىل ۋە ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان دوكلات
يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى. شۇ ئارقىلىق ياشلارنىڭ مىللىي روھى يۇقۇرى
كۆتىرىلدى. ئىلمىي دۇنيا قارىشى شەكىللەندۈرۈلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە «ئەرك» ناملىق گېزىت چىقىرىلىپ، بۇ گېزىت ئارقىلىق:
«مىللىتىمىز _ تۈركتۇر، يۇرتىمىز _ تۈركىستاندۇر! بىز _ مىللەتچىمىز، بىز _
خەلقچى بىز، بىز _ ئىنسانىيەتچى بىز» دېگەن شۇئارلار كەڭ قانات يايدۇرۇلدى.
بۇ گېزىتمۇ خەلقىمىزنىڭ مىللىي روھىنى ئۇرغىتىشتا بۈيۈك ئىجابىي رول
ئوينىدى.
3.
چوڭ شەھەرلەردە كاتتا كۇتۇبخانىلار ئېچىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاب –
ژورناللار، گېزىتلەر بىلەن توشقۇزۇلدى. خەلق ئىچىدىكى قوليازمىلار ۋە باشقا
مەدەنىي بايلىقلار يىغىلىپ، كۇتۇبخانىدا ساقلاشقا ۋە پايدىلىنىشقا
تاپشۇرۇلدى.
4.
مەتبۇئاتچىلىق ئىشلىرى تېز سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. ئالتاي
نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئەرك شۇئارى»، «ئىستىقلال مۇجادىلىسى»، «قەلەم
كۈرىشى»، «ئۆلكە تارىخى»، «چىنى تۈركىستان»، «ئۇيغۇرچە ئېلىپبە» قاتارلىق
ئەسەرلەر نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
مەسئۇت ئەپەندى ئەسەرلىرىدىن «ئىلىك ئۆگرەتمەن (تۇنجى مۇئەللىم)»، «تەرمە –
چاتمىلار»، «بىر نۇتۇق»، «نىياز قىز» قاتارلىقلار نەشر قىلىنىپ، خەلققە
تارقىتىلدى.
غەربىي شىمال مەدەنىي قۇرۇلۇشى جەمئىيىتى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان
«جاھان»، «ئىسلام تارىخى»، «ياشلار بىلىمى»، «تەڭرىتاغ رەسىملىك ژورنىلى»
قاتارلىق كىتاب – ژورناللارمۇ نەشر قىلىنىپ، خەلققە تارقىتىلدى.
بۇ
ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، مىللىي
روھىنى ئۇرغىتىشتا غايەت زور تەربىيىۋىي رول ئوينىدى.
5.
سۇ قۇرۇلۇش ئىشلىرى زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. شۇ يىللىرى تۇرپان،
توقسۇن، پىچان قاتارلىق يۇرتلاردا دېھقانچىلىق قىلىش ئۈچۈن سۇ يېتىشمەيتتى.
دېھقانلارنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ
تەشەببۇسى بىلەن تۇرپاننىڭ كارزلىرى قايتىدىن كېڭەيتىپ قازدۇرۇلدى. سىڭگىم
سۇ ئېغىزى سۇ قۇرۇلۇشى بىلەن، پىچاندىكى ئۆرتەڭ ئېغىزى سۇ قۇرۇلۇشى
باشلاندى. مەسئۇت ئەپەندى بۇ قۇرۇلۇشلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ
تېخنىك خادىملىرى ۋە لازىملىق ئۈسكۈنىلەرنى ئەۋەتكەندىن سىرت، ئۆز يېنىدىن
(شۇ زاماننىڭ پۇلى ھېسابىدا) يۈز مىليۇن سۇم ئاقچىنى ئىئانە قىلدى. 1948 –
يىلى مارت ئېيىدا باشلانغان سۇ قۇرۇلۇشى شۇ يىلى ئىيۇندا پۈتۈپ،
دېھقانلارنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى.
6.
خەلقنىڭ كەمبەغەل قاتلاملىرىغا ماددىي ياردەملەر بېرىلدى. شۇ يىللاردا
ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىغا قارىماي، ئۈرۈمچى ۋە باشقا
شەھەرلەردىكى كەمبەغەل ئائىلىلەرنى تىزىملاپ چىقىپ، قىشلىق ئوتۇن ۋە كۆمۈر
بىلەن (ھەقسىز) تەمىنلىدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 90 ناۋايخانىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزان ئۇنى بىلەن تەمىنلەپ،
خەلققە ناننىڭ باھاسىنى ئەرزانلىتىپ بەردى. شۇ ئارقىلىق كەمبەغەلنىڭ تۇرمۇش
قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللەتتى...
مانا
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەمەلىي پاكىتلارنى كۆپلەپ كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
مەسئۇت ئەپەندى ئۆلكە رەئىسى بولۇپ تۇرغان دەۋردە، سىياسىي جەھەتتىن قولغا
كەلتۈرگەن ئەڭ چوڭ ئۇتۇقى شۇ ئىدىكى، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئۆلكە
ۋەكىللىرىنىڭ قەتئىي تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىدە، مەركىزىي ھۆكۈمەت
تۈركىستانغا مىللىي مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىشكە مەجبۇر بولدى. يەنى 1948 –
يىلى، نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۈركىستان
ھەققىدە مەخسۇس قارار قوبۇل قىلدى. بۇنىڭ بىرىنچىسى، ئۆلكىنىڭ نامى
«شىنجاڭ» دىن «چىنى تۈركىستان» غا ئۆزگەرتىلسۇن ۋە شۇ ئۆلكىدە ياشىغۇچى
يەرلىك خەلقنىڭ نامى «تۈرك» دەپ ئاتالسۇن. ھەر دەرىجىلىك دۆلەت
ئىدارىلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىدە مۇشۇ ناملار قوللىنىلسۇن!
ئىككىنچى، «چىنى تۈركىستان» خەلقىگە مىللىي مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىلسۇن، بۇ
ئۆلكىگە لايىق كېلىدىغان مۇقىم سىياسەت بەلگىلىنىپ، يولغا قويۇلسۇن!
بۇ
قارارلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، گومىنداڭ ئىدارە
قىلىۋاتقان يەتتە ۋىلايەتتە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانىدى. لېكىن شۇ يىلنىڭ
ئاخىرىدا، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ تەختتىن چۈشۈشى بىلەن بۇ خىل ئىجتىمائىي
ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى يېرىم يولدا توختاپ قالدى.
يۇقۇرىدىكى پاكىتلار بىزگە شۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىدۇكى، مەسئۇت
ئەپەندى ئۆلكىگە رەئىس بولۇپ تۇرغان قىسقىغىنە مەزگىل ئىچىدە، ھەقىقىي
ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابچى سۈپىتىدە ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قولىدىن
كېلىشى مۇمكىن بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. ئۇ، ئۆزىدىن كېيىن ئۆلكە
رەئىسى بولغان ”ئەربابلار“ غا ئوخشاش خىتاينىڭ سىزىقىدىن چىقالمايدىغان،
”قورچاق رەئىس“ بولۇپ ئولتۇرمىدى. دۈشمەنگە خۇشامەت قىلىپ، جان بېقىشنى
ئۆزىگە راۋا كۆرمىدى. نەق شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، سىتالىنچىلارمۇ،
گومىنداڭچىلارمۇ ئۇنى ياقتۇرمىدى. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ «چىنى تۈركىستان مىللىي
مۇختارىيەت ھوقۇقى» غا رازى بولماي، ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى، يەنى مىللىي
مۇستەقىللىكنى تەلەپ قىلىشى __ خوجايىنلارنىڭ غەزىۋىنى قوزغىدى. خىتاينىڭ
ھەربىي ئەمەلدارلىرى جاڭ جىژجۇڭ ۋە مەركەزگە ئارقا – ئارقىدىن خەت يېزىپ،
مەسئۇت ئەپەندىنىڭ «مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى» نى پاش
قىلدى. ئۇنىڭ «مۇستەقىلچى ئۇنسۇر» ئىكەنلىكى ئاشكارە بولغاندىن كېيىن،
گومىنداڭنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدى يوققا چىقتى. سىتالىنچىلارمۇ ئۆز
نۆۋىتىدە «پاش قىلىش ھەرىكىتى» نى يېڭى كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇردى.
مانا
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ رەئىسلىك سالاھىيىتىنى يوقىتىپ، تەختتىن چۈشۈشىگە
سەۋەب بولدى. بۇ جەرياننىڭ قانداق بارلىققا كېلىپ، قانداق
راۋاجلانغانلىقىغا گۇۋاھلىق قىلىدىغان تەپسىلاتلار بەكمۇ كۆپ. بىز شۇلارنىڭ
ئىچىدە پەقەت جاڭ جىژجۇڭنىڭ بايانلىرىنىلا ئاساس قىلىپ ئالىمىز. چۈنكى، جاڭ
جىژجۇڭ ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىنىڭ رەئىسى سۈپىتىدە،
مەسئۇت ئەپەندىنىڭ رەئىسلىككە تەيىنلىنىشى ۋە رەئىسلىكتىن چۈشۈرۈلۈشىنى
ئۆزى بىۋاسىتە بەلگىلىگەن شەخس بولۇپ، مەسئۇت ئەپەندى ھەققىدە گۇۋاھلىق
بېرىشكە ئەڭ مۇۋاپىق كىشىدۇر. شۇنداقلا، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى رەت قىلغىلى
بولمايدىغان ئەمەلىيەتتۇر.
جاڭ
جىژجۇڭ ئۆزىنىڭ يۇقىرىدىكى كىتابىدا بۇ توغرۇلۇق مۇنداق دەپ يازغان:
«مەسئۇت ئەپەندى توغرۇلۇق يەنە توختىلىپ ئۆتەي: 1946 – يىلى، مەن شىنجاڭغا
بېرىشتىن ئاۋۋال، ئۇ ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جاڭ جيېشىغا
سۇنغان ئىكەن. ماڭىمۇ بىر پارچە خەت يېزىپ، جاڭ جيېشىغا سۇنغان خېتىنىڭ
كوپىيەسىنى قوشۇپ ئەۋەتىپتۇ. خەتتە مېنىڭ بۇ قېتىم شىنجاڭغا بارغاندىن
كېيىن، يەرلىك خەلقنىڭ مىللىي ئارزۇسىنى قاندۇرۇشۇمنى، خەلققە دېموكراتىك
ئەركىنلىك ۋە سىياسىي ھوقۇقلارنى بېرىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى
تەكىتلەپتۇ.
جاڭ
جيېشىغا يازغان تەكلىپنامىدە:
-
مەركەز چېگرا رايوننىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلسۇن.
يەرلىك خەلق ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، مەمۇرىي ئىشلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرسۇن.
بىگۇناھ تۇتقۇن قىلىنغان سىياسىي مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلسۇن ۋە ئۇلارنىڭ
مۇسادىرە قىلىنغان ماللىرى قايتۇرۇپ بېرىلسۇن. خەلقتىن ئېلىنىدىغان باج –
سېلىق ئازايتىلسۇن... دېگەندەك تەلەپلەر بار ئىدى.
بۇ
خەتنىڭ روھىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ۋەتەننى، مىللەتنى سۆيىدىغان ئادەم
ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. شۇڭا مەن شىنجاڭغا بېرىپلا، ئۇنى مۇپەتتىشلىك
خىزمىتىگە تەۋسىيە قىلغانىدىم. مەن ئۆلكە رەئىسلىكىدىن ئىستىپا بەرسەم، بۇ
ئورۇنغا ئۇنى قويۇشىمىز مۇمكىن دەپ ئويلىغانىدىم.
ۋەھالەنكى، ئۇ رەئىس بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سىياسىي، ئىدىيىۋىي
ئاجىزلىقلىرى بارا – بارا ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى. ئۇ بارا – بارا
خەنزۇلارغا ۋە مەركەزگە قارشى تۇرۇشقا، ھەتتا: «شىنجاڭغا ئالىي مۇختارىيەت
ھوقۇقى بېرىلسۇن» دېگەندەك مۇقاملارغا توۋلاشقا باشلىدى. مەن مەسئۇت
ئەپەندى بىلەن ئەيسا بەگكە بىر پارچە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنىڭ
خاتالىقلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. خەتنىڭ ئەسلى تېكىستى مۇنداق ئىدى:
-
مەن شىنجاڭدىن ئايرىلغىلى بىر يىلدىن ئاشتى. بۇ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت
ئىچىدە مەن شىنجاڭدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارنىڭ يۈز
بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. شىنجاڭدا دېموكراتىك سىياسەتنى يولغا قويۇپ،
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئۆلكىنىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش،
دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن سىياسەتلەرنى
بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماسلىق، شۇنىڭدەك سىلەر بىلەن بولغان دوستلىقىمنىڭمۇ
بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزەم ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارىغان بەزى مەسىلىلەرنى
ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم دەپ ئويلايمەن.
بىرىنچىسى، خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى: شىنجاڭدىكى ھەربىي – مەمۇرىي
ئەمەلدارلارنىڭ ماڭا مەلۇم قىلىشىچە، ئەيسا بەگ ئەپەندى رەھبەرلىك
قىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە گېزىتتە يەرلىك خەلقنىڭ خەنزۇ خەلقىگە ھەم دۆلەت
ئارمىيەسىگە قارشى ھېسسىياتنى قوزغايدىغان ھەم ئارىنى بۇزىدىغان ماقالىلار
داۋاملىق تۈردە ئېلان قىلىنىپ تۇرىدىكەن. بۇ خىلدىكى خەنزۇلارغا قارشى
تۇرۇش ئىدىيىسى كۈچىيىپ كېتىۋەرسە، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا
ناھايىتى ئېغىر خەۋپ يېتىدۇ. شۇنىڭدەك، سىلەر رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ھازىرقى
ھاكىمىيەتمۇ يامان تەسىرگە ئۇچرايدۇ. سىلەر گېزىتىڭلاردا: ”خەنزۇلارغا
قارشى تۇرۇشنى بىر خىل جىنايەت قىلىۋالدىڭلار“ دەپسىلەر. سىلەرچە، بۇ ئادىل
تەنقىد بولامدۇ؟ ”ئەيسا ئەپەندى خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇشقا رەھبەرلىك
قىلىۋاتىدۇ“ دېگەن سۆز بەلكىم ئورۇنسىزدۇر. شۇنداق بولسىمۇ، ئەستايىدىللىق
بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈشنى ۋە ئويغىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىككىنچىسى، مەركىزىي ھۆكۈمەتكە نارازى بولۇش مەسىلىسى: دەرۋەقە، مەركىزىي
ھۆكۈمەت بەزى جەھەتلەردە بىزنى كۈچلۈك قوللاپ، تولۇق ياردەم
بېرەلمەيۋاتىدۇ. لېكىن، شۇنى بىلىش كېرەككى، ھازىر مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ
ئۆزى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا تۇرىۋاتىدۇ. مەركەز شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى
خالىمايدۇ ئەمەس، بەلكى ھازىر ئارمانىغا لايىق دەرمانى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن،
ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى باھانە قىلىپ، مەركەزگە نارازىلىق بىلدۈرۈش __
ئادىللىق ئەمەس.
ئۈچىنچىسى، ئالىي دەرىجىدىكى مىللىي مۇختارىيەت مەسىلىسى: ”ئۈچ مەسلەك“
ئىچىدىكى مىللىي مەسلەك ئالىي مۇختارىيەتنى يولغا قويۇشقا بولىدۇ دەپلا
قارىماستىن، ھەرقايسى مىللەتلەر كەلگۈسىدە مۇستەقىل بولسا، ئۇنىمۇ
قوللايدۇ. لېكىن، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىدا ئالىي دەرىجىدىكى مىللىي
مۇختارىيەتنى يولغا قويۇشقا بولامدۇ؟ ئەگەر شىنجاڭدا دەرھاللا مىللىي
مۇختارىيەت يولغا قويۇلىدىغان بولسا، دۆلەت ئارمىيىسىنى ۋە مەركەزنىڭ
شىنجاڭدىكى بارلىق مەمۇرىي ئورگانلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە توغرا كېلىدۇ.
شىنى بىلىش كېرەككى، ئالىي مۇختارىيەت، يەنى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرگىزمۇ
قۇرۇق گەپ ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۈچۈن بەلگىلىك شەرت – شارائىت ھازىرلىنىشى
لازىم.
تۆتىنچىسى، دېموكراتىك سىياسەت ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى:
دېموكراتىك سىياسەتنىڭ شىنجاڭدىكى كونكېرت ئىپادىلىرى مۇنداق: ئۆلكىلىك،
ناھىيىلىك كېڭەش يىغىنى ھەيئەتلىرى قۇرۇلدى. ھەرقايسى ۋىلايەتلەرنىڭ
ۋالىيلىرى، ناھىيەلەرنىڭ ھاكىملىرى خەلق تەرىپىدىن سايلاندى. بۇ خىل
دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ تىكلىنىشى __ شىنجاڭدا مۇستەھكەم تىنچلىقنى تىكلەشنىڭ
ئاساسى ھېسابلىنىدۇ...
ئاخىرىدا، مەن سىلەرنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتا ئۈستىدە ئەستايىدىل
ئويلىنىپ، جاۋاب بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
1.
سىلەرنىڭ مەركەزدىن ۋە دۆلەت ئارمىيسىدىن نارازى بولۇشقا قانداق ئاساسىڭلار
بار؟ بۇنى بىر – بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويۇڭلار.
2.
سىلەر ئۈمىد قىلىۋاتقان ئالىي دەرىجىدىكى مىللىي ئاپتونومىيەنى قاچان ئىشقا
ئاشۇرۇش مۇۋاپىق دەپ ھېسابلايسىلەر؟ بۇ ھەقتە مەركەزدىن نېمىلەرنى ئۈمىد
قىلىسىلەر؟
3.
ئالىي دەرىجىدىكى مىللىي ئاپتونومىيەنى يولغا قويغاندا، قانداق شەكىلنى
قوللانماقچىسىلەر؟ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىڭلار قانچىلىك؟ ئاپتونومىيە يولغا
قويۇلغاندىن كېيىن، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا قالايمىقانچىلىق كېلىپ
چىقمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالامسىلەر؟
بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر
بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن بۇلارنى ئېنىق بىلىشىم كېرەك.
4.
سىلەر كۈتكەن ئالىي دەرىجىدىكى مىللىي ئاپتونومىيەنى مەركىزى ھۆكۈمەت يولغا
قويالمايدۇ ئەمەس، بۇنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ، ئاز سانلىق
مىللەتلەرنىڭ ھەققانىي تەلىپى... لېكىن بۇنداق تەلەپلەر مەركىزىي ھۆكۈمەتكە
نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە خەنزۇلارغا قارشىلىق كۆرسىتىشنى ئۆزىگە ۋاسىتە
قىلىۋالماسلىقى كېرەك. بۇ ھەرگىزمۇ مەقسەتكە يېتىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ئەمەس.
سىلەرنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈپ، جاۋاب بېرىشىڭلارنى ئۈمىد
قىلىمەن!»
ھۆرمەت
بىلەن: جاڭ جىژجۇڭ
مىنگونىڭ 37 – يىلى
10 – ئاي، لەنجۇ
مەسئۇت ئەپەندى ”تۈركىستانغا ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى ئېلىش“ ئۈچۈن قانچە
كۈچىگەنسېرى، گومىنداڭ ۋە سىتالىنچىلارنىڭ شۇنچە كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ
كەلگەن.
جاڭ
جىژجۇڭنىڭ يۇقۇرىقى مەكتۇبى ئەنە شۇ قارشىلىقنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى. بۇ خىل
مەكتۇبلار گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن، ئۇنىڭ تۈركىستاندىكى ھەربىي –
مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىدىن ۋە سىتالىنچىلار تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز كېلىپ
تۇرغان. مەسئۇت ئەپەندى ئەنە شۇنداق قاتمۇ قات قارشىلىقلارغا قارىماي،
ئۆزىنىڭ ئالىيجاناب مەقسىتى يولىدا كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان. بۇ،
دۈشمەنلىرىنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرۈپ، مەسئۇت ئەپەندىنى ۋەزىپىسىدىن تېزراق
ئېلىۋېتىشى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلىدى.
يەنە
جاڭ جىژجۇڭغا مۇراجىئەت قىلايلى!
«...
مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئىلى تەرەپ قارشى تۇرغان تەقدىردىمۇ، مەسئۇتنى
ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك ئىدى. مەن بۇ يەردە، ئۆزەمنىڭ باشتىلا، يەنى
رەئىسلىككە نامزات تاللىغان ۋاقىتتا چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ئېتىراپ
قىلمىسام بولمايدۇ...»
«...
شۇنداق قىلىپ، مەلۇم تەييارلىقلاردىن كېيىن، شەرت – شارائىت ھازىرلىنىپ،
مەسئۇتنىڭ ئورنى ئالماشتۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا بۇرھان شەھىدى ئۆلكە رەئىسى
بولۇپ تەيىنلەندى.
مەركەزنىڭ رەئىسنى ئالماشتۇرۇۋېتىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقى چۈشكەندىن كېيىن،
مەن مەسئۇتقا بىر پارچە تېلېگرامما ئەۋەتتىم. تېلېگراممىدا مۇنداق يېزىلغان
ئىدى:
_ بۇ
قېتىم پۈتۈنلەي شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالى نەزەردە
تۇتۇلۇپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىندى.
1945
– يىلى، لەنجۇدا سىز بىلەن تونۇشقان چېغىمنى ئەسلىگىنىمدە، سىزنىڭ شىنجاڭ
خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مەركەزنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش
مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىڭىزگە ئېلىپ، ئۆلكىگە رەئىس بولغىنىڭىزدىن كېيىن،
ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىڭىز ۋە ئىناۋىتىڭىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭ
خەلقىنى تىنچ، بىرلىككە كەلگەن، دېموكراتىك، بەختلىك تۇرمۇش شارائىتىغا
ئىگە قىلىدۇ دەپ ئۈمىد قىلغانىدىم. ئەپسۇسكى، سىزنىڭ بۇ ئىككى يىلدىن
بۇيانقى ئەمىلىي ئىپادىڭىز ۋە ئىستىلىڭىز مېنىڭ دەسلەپتە ئويلىغىنىمدەك
بولمىدى. يېرىم يولدا ئۆزگىرىپ، مۇستەقىلچى بولۇپ كەتكەنلىكىڭىزگە بەكمۇ
ئەپسۇسلىنىمەن...
بۇ
مېنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان سەمىمىي مەسلىھەتىم ھەمدە ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆرسۇن
دېگەن ئۈمىدىم ئىدى.»
جاڭ
جىژجۇڭ بۇ كىتابىدا، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئۈزۈل – كېسىل مۇستەقىلچى
ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىدىيىۋىي ئېقىمنىڭ تۈركىستاندا چوڭقۇر تارىخىي يىلتىزنىڭ
بارلىقىنى ھەم كەڭ ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ
تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ:
«...
شىنجاڭدا ”شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى“ قۇرۇش ھەرىكىتى __ ئۇيغۇر
خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان، تارىخىي يىلتىزى
بار، مەقسەتلىك ھەرىكەتتۇر. بۇ، ئۇيغۇر جۇڭگونىڭ تەركىبىدىن ئايرىلىپ
چىقىپ، مۇستەقىل ياشاشنى كۆزلەيدىغان ھەرىكەتتۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگونىڭ تەركىبىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل ئۇيغۇر
دۆلىتىنى قۇرۇش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەسئۇت ئەپەندى رەئىسلىك
سەھنىسىگە چىققاندىن كېيىن، بۇرۇنقى ”خەنزۇلار بىلەن يېقىن ئۆتۈش“ ھالىتىنى
تەدرىجىي ھالدا ”خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇش“ ھالىتىگە ئۆزگەرتتى. مەسئۇت
ئەپەندىنىڭ ئىچكى خىتايدا بىز بىلەن بىللە ياشىغان ۋاقىتلاردا، خەنزۇلارغا
يېقىنچىلىق قىلىشى، پەقەت ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇيىنى ئەمەلگە
ئاشۇرۇۋېلىش ئۈچۈنلا ئىكەن. ئۇ ئۆلكىگە رەئىس بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ
ئەسلىدە كىم ئىكەنلىكىنى ئوچۇق – ئاشكارە كۆرسەتتى...»
«...
مەسئۇتنى ئالماشتۇرۇۋېتىش سىياسىي جەھەتتە مۇھىم تەدبىر بولغان ئىدى. مۇشۇ
تەدبىر قوللىنىلغانلىقتىن، كېيىنچە شىنجاڭنى تىنچ يول بىلەن ئازات قىلىشقا
پايدىلىق شارائىت ھازىرلاندى.
ئەگەر مەسئۇت ئالماشتۇرۇۋېتىلمىگەن بولسا، بۇرھان رەئىس بولالمايتتى.
مەسئۇتمۇ ھەقىقەتكە قايتىشقا ھەرگىز ئۇنىمايتتى. داۋالغۇپ تۇرغان شىنجاڭ
ۋەزىيىتىدە، مىللەتچىلەر مىللىي قارشىلىقنى كۈچەيتىۋېتىپ، ۋەزىيەتنى چوقۇم
يامانلاشتۇرۇۋېتەتتى. گەرچە ئۇلارنىڭ قارشىلىقى ئاخىرى مەغلۇب بولىدىغان
بولسىمۇ، قوراللىق توقۇنۇش چىقىپ، قان تۆكۈلۈشتىن ساقلانغىلى بولمايتتى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، مەسئۇتنىڭ ئورنىغا بۇرھاننى ئالماشتۇرۇش __ ئۆلكىنىڭ ئاقىۋىتى
جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم تەدبىر بولغانىكەن.»
مانا
بۇلار، ئۆز ۋاقتىدا غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىنىڭ رەئىسى سۈپىتىدە
تۈركىستاننىڭ تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرغان ئەربابنىڭ مەسئۇت
ئەپەندىگە بەرگەن سىياسىي باھاسىدۇر.
مەسئۇت ئەپەندىنىڭ سىياسىي _ ئىدىيىۋىي قىياپىتىنى مانا مۇشۇ دەلىللەردىن
روشەن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇندىمۇ مەسىلىنى ئۈزۈل – كېسىل ئايدىڭلاشتۇرۇش
مەقسىتىدە، مەسئۇت ئەپەندى ئۆلكە رەئىسى بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا مۇئاۋىن
رەئىس بولۇپ تۇرغان، كېينچە مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئورنىغا ئالمشىىپ، ئۆلكىنىڭ
باش رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن يەنە بىر ”سىياسىي ئەرباب“ بۇرھان شەھىدىنىڭ
كىتابىدىن مۇنۇ پاكىتلارنى كەلتۈرمەكچىمىز:
«...
1949 – يىل 5 – ئاينىڭ 19 – كۈنى، نەنجىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى جاڭ جىژجۇڭنىڭ
شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسلىكىدىن بەرگەن ئىستىپاسىنى تەستىقلاپ، سابىق
تەپتىش ئەمەلدارى مەسئۇتنى رەئىسلىككە، سابىق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزاسى
ئەيسانى باش كاتىپلىققا تەيىنلىدى. شۇنداق قىلىپ، مۇھەممەد ئىمىن، ئەيسا
قاتارلىق كىشىلەر ناھايىتى تېزلا مەسئۇت تەرەپكە ئۆتۈۋالدى...»
«...
مەسئۇت ئۆلكىگە رەئىس بولغاندىن كېيىن، مەن نەنجىڭدىكى چېغىمدا، شىنجاڭ
ئېنىستىتۇتىغا ئىبراھىم مۇتىئىنى مۇدىر قىلىپ تەيىنلەپتۇ. مۇھەممەد ئىمىننى
بولسا، ئۇيغۇر تارىخىدىن دەرس بېرىشكە بەلگىلەپتۇ. مەن شىنجاڭغا قايتىپ
كەلگەندىن كېيىن، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ھېس
قىلدىم. بىر تەرەپتىن، گومىنداڭ زوراۋانلىق ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈۋاتاتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، مىللەتچىلەر ۋەتەنگە بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، خەلقنى
خەنزۇلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا قۇترىتىۋاتاتتى. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ سەلبىي
تەسىرى بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغان، ئاممىنىڭ ئىدىيىسى
قالايمىقانلاشقانىدى.
مۇھەممەد ئىمىن مۇنداق دەپتۇ:
_
شەرقىي تۈركىستان ئون مىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۇرتى بولۇپ
كەلگەن. باشقا مىللەتلەر ھەر قايسى دەۋرلەردە، ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن كېلىپ
ماكانلىشىپ قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندا پەقەت ئۇيغۇرلارلا
خوجايىن بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە...
مەن
تۇجىژ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، پۈتۈن ئېنىستىتۇتتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى –
ئوقۇغۇچىلارنى يىغدۇرۇپ، مۇھەممەد ئىمىنگە رەددىيە بەردىم. مەن مۇنداق
دېدىم:
_
شىنجاڭ ئىككى مىڭ يىلدىن بېرى جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەلدى.
خۇددى جۇڭگو بىرلا مىللەتنىڭ جۇڭگوسى ئەمەس، بەلكى ھەممە مىللەتنىڭ جۇڭگوسى
بولغاندەك، شىنجاڭمۇ ھەممە مىللەتنىڭ شىنجاڭى بولۇشى كېرەك!
شۇنداق قىلىپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى مەسىلىسىدە مۇھەممەد ئىمىن
ئىككىمىز ئۆز ئالدىمىزغا بىردىن بايراق تىكلىدۇق. زىيالىيلار ۋە
ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە ناھايىتى كەسكىن تالاش – تارتىش
يۈز بەردى. ئۇلار مۇھەممەد ئىمىندىن:
_
بەزىلەر: شىنجاڭ بىرلا مىللەتنىڭ ئەمەس، بەلكى ھەممە مىللەتنىڭ شىنجاڭى
بولۇشى كېرەك!- دەپتۇ. بىز نېمە دەپ جاۋاب بېرىمىز؟- دەپ سوراپتۇ. مۇھەممەد
ئىمىن ئۇلارغا:
_
سىلەر ئۇنى مىللەتنىڭ خائىنى دەڭلار!- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ...»
بۇرھان شەھىدى 1985 – يىلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50
يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ
مۇنداق دېگەن: «پانتۈركىست مەسئۇت شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىك
تەختىگە چىققاندىن كېيىن، شىنجاڭ خەلقىنى خىتايلارغا قارشى ئۆچلەشتۈرۈش ھەم
دۈشمەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتى. ئۇ ۋەتەننى پارچىلاپ، شىنجاڭنى ۋەتەندىن
ئاجرىتىۋېتىشتەك قۇتراتقۇلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى. ئوقۇتقۇچى –
ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىلىرىنى سىڭدۈردى. ئۇلار
شىنجاڭنى ۋەتىنىمىزنىڭ قوينىدىن يۇلۇپ چىقماقچى بولدى. لېكىن ئۇلار
ئۆزلىرىنىڭ شېرىن ئارزۇ – ئارمانلىرىغا يېتەلمىدى...»
يۇقىرىدا كەلتۈرۈلگەن نەقىللەر مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئىدىيىۋىي قىياپىتى ۋە
ئەمىلىي ھەرىكىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى روشەن كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
ھۆرمەتلىك كىتابخان!
بىز
يۇقۇرىدا مەسئۇت ئەپەندى توغرۇلۇق باشقىلارنىڭ كىتابلىرىدىن نەقىللەر
كەلتۈردۇق. بۇنىڭ سەۋەبى، بىرىنچىدىن، 1920 – يىللاردىن تارتىپ تاكى
بۈگۈنگىچە «مىللەتچى، پانتۈركىست، خىتاينىڭ غالچىسى، چىنى تۈركىستانچى،
خائىن، جاسۇس» دېگەن بەدناملار بىلەن قارىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ”كونا
ياغلىق قاپاق“ بەدناملار كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا بەكمۇ سىڭىپ كەتكەن. شۇنىڭ
ئۈچۈن، بۇ كونا يالغاننى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى خەلققە
تونۇتۇش، شۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ ئېڭىغا سىڭىپ كەتكەن خاتا چۈشەنچىلەرنى
تۈزىتىپ، توغرا چۈشەنچىنى تىكلەش ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلەپ
پاكىت كەلتۈرۈشكە توغرا كەلدى.
ئىككىنچىدىن، جاڭ جىژجىڭمۇ، بۇرھان شەھىدىمۇ ئەينى يىللاردا مەسئۇت ئەپەندى
بىلەن بىرگە ئىشلىگەن، مەسلەكداشلىرى، دوستلىرى بولغاچقا، ئۇلار مەسئۇت
ئەپەندىنى باشقىلارغا قارىغاندا ياخشىراق بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەمىلىي
پائالىيىتىنىڭ بىۋاسىتە قاتناشقۇچىلىرى ھەم تىرىك شاھىدلىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن،
ئۇلار مەسئۇت ئەپەندى توغرىسىدا سۆز قىلىشقا ئەڭ سالاھىيەتلىك كىشىلەردۇر.
گەرچە ئۇلارنىڭ سىياسىي – ئىدىيىۋىي مەيدانى مەسئۇت ئەپەندىنىڭ مەيدانى
بىلەن تامامەن قارىمۇ قارشى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كەلتۈرگەن پاكىتلىرى،
بىۋاسىتە ئەمىلىي قىممەتكە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇلار رەت قىلىپ بولمايدىغان
پاكىتلاردۇر.
مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۆلكىلىك
ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولۇشى ۋە رەئىسلىكتىن ئېلىنىشى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار
مانا مۇشۇنداق. ھۆرمەتلىك كىتابخانلار مۇشۇ تەپسىلاتلارغا ۋە پاكىتلارغا
ئاساسلىنىپ، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئىدىيىۋىي خاھىشى ئۇنىڭ ئەمىلىي پائالىيىتى،
ئومۇمەن مەنىۋىي دۇنياسى ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنىڭ مەزمۇن – ماھىيىتى
توغرىسىدا توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدۇ، پاكىتلاردىن دۇرۇس، توغرا
خۇلاسە چىقىرىپ ئالالايدۇ دەپ ئىشىنىمىز.
***
ئەمدى، مەسئۇت، مۇھەممەد ئىمىن، ئەيسا يۈسۈپ ئەپەندىلەر بىلەن ئەخمەتجان،
رەخىمجان، ئابدۇكېرىم ئەپەندىلەرنىڭ، يەنى «چىنى تۈركىستانچىلار» بىلەن
«شەرقىي تۈركىستانچىلار» ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قانداق ئىدى؟- دېگەن
سوئالنىڭ تۇغۇلۇشى تەبىئىي. بۇ ئىككى ئەپەندىلەر گۇرۇھىنىڭ مۇناسىۋىتىگە
سىرتتىن قارىغاندا، گوياكى ئۇلار بىر – بىرىگە قارمۇ قارشى، تىغمۇ تىغ
كۈرەش ئېلىپ بارغاندەك تەسىرات قالدۇرۇشى مۇمكىن. بىراق، بۇنداق كۆرۈنۈش
مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئىپادە قىلالمايدىغان زاھىرى كۆرۈنۈش بولۇپ، سىرتقى
ھادىسىلەردىن ئىبارەتتۇر.
بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ماھىيەتتە ئۇنداق بولغان ئەمەس. يەنى بۇ ئىككى گۇرۇھ
ئەپەندىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەسلەك ۋە مەقسەت جەھەتتىن قارىمۇ قارشىلىق
بولغان ئەمەس.
ھەر
ئىككى تەرەپنىڭ ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىكىنى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا
كەلتۈرۈشنى كۆزلەيتتى. دېمەك، ئومۇمىي مەقسەت – نىشان بىر ئىدى. پەقەت شۇ
مەقسەتكە قانداق يول بىلەن بېرىش، كەلگۈسىدە قانداق جەمئىيەت تۈزۈمىدە
ياشاش كېرەك دېگەن مەسىلىدە كۆز قاراشلىرى بىر – بىرىگە ئوخشىمايتتى.
مەسئۇت ئەپەندىلەرنىڭ قارىشىچە: «سىتالىنچىلارغىمۇ، يېڭىدىن ھاكىمىيەت
بېشىغا كېلىۋاتقان ماۋزېدوڭچىلارغىمۇ ئىشەنمەسلىك كېرەك. ئۇلار تۈركىستان
خەلقىگە ھەرگىز مىللىي مۇستەقىللىق بەرمەيدۇ. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بولسا،
ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىسىدا، ئۆلكە نامىنىڭ ”تۈركىستان“
ئىكەنلىكىنى، مىللىتىمىزنىڭ ”تۈرك مىللىتى“ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
تۆۋەن دەرىجىدە بولسىمۇ، مىللىي مۇختارىيەت بېرىشكە رازى بولدى. بىز مۇشۇ
پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خەلقنى ئويغىتىپ، تەربىيىلەپ، شارائىت يېتىلگەندە
ئاندىن ئۈزۈل – كېسىل مۇستەقىللىقكە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن» دېگەندىن ئىبارەت؛
ئەخمەتجان ئەپەندىملەرنىڭ كۆز قارىشى بولسا: «سوۋېت ئىتتىپاقى
سوتسىيالىستىك دۆلەت. ئۇلار بىزنىڭ ئىنقىلابىمىزغا باشتىن تارتىپلا خالىس
ياردەم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز سىتالىنچىلارغا ئىشىنىپ، ئۇلارغا يۆلىنىپ
ھەرىكەت قىلساق، ئۈزۈل – كېسىل مۇستەقىللىقكە ئېرىشەلەيمىز. جەمئىيەت
تۈزۈمىگە كەلسەك، بىز كەلگۈسىدە موڭغۇلىستان تىپىدىكى بىر سوتسىيالىستىك
دۆلەت بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن، ھېچ بولمىسا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوۋېت
ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئوخشاش مىللىي جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىغا ئېرىشىشىمىز
مۇمكىن» دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. يەنى ئەخمەتجان قاسىمى سىتالىنچىلارغا ئەنە
شۇنداق ئىشەنگەنىدى. نەتىجىدە، ئەنە شۇ قارىغۇلارچە ئىشەنچنىڭ قۇربانى
بولدى!...
دېمەك، مەسئۇت ئەپەندى بىلەن ئەخمەتجان ئەپەندىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەسلەك
ئومۇمىيلىقى بولغان ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر – بىرىنى دۇرۇس چۈشىنىپ، بىرلىشىپ
ئىشلەشكە ئىنتىلگەن ئىدى. بىراق سىتالىنچىلارنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئۇلارنىڭ
بىرلىشىپ ئىشلەشكە يول قويمىغان. بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كۆپ سۆز
قىلىشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك. پەقەت بىرلا پاكىت كەلتۈرسەك كۇپايە قىلار
دەپ قارايمىز: سىتالىنچىلار ئۆز تەرەپدارلىرى ئارقىلىق گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە
بېسىم ئىشلىتىپ، مەسئۇت ئەپەندىنى تەختتىن چۈشۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلمىگەندىن
كېيىن، بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ ئىنقىلابچىلىرىنىڭ بىرلىشىپ كېتىشىگە يول
قويماسلىق ئۈچۈن، ئىلى تەرەپتىن بارغان ۋەكىللەرنى ئۈرۈمچىدىن قايتىپ
كېتىشكە زورلايدۇ.
1947
– يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا، ئەخمەتجان ئەپەندى باشلىق ئىلى تەرەپتنىڭ ۋەكىللىرى
ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتماقچى بولىدۇ. مەسئۇت ئەپەندى باشلىق ھۆكۈمەت
ئەزالىرى ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن، ئايرودرومغا چىقىدۇ. ئەنە شۇ
تارىخىي ۋىدالىشىش پەيتىدە، ئەخمەتجان ئەپەندى مەسئۇت ئەپەندىنىڭ قولىنى
چىڭ سىقىپ تۇرۇپ: «تەقسىر، مۇنداق بولار دەپ ئويلىمىغان ئىدۇق. ئاخىر
ئايرىلىشقا توغرا كەلدى. بىزدىن رەنجىمىسىلە، بىرلىشىپ ئىشلىگەن بولساق،
ياخشى بولاتتى. ئەپسۇس بىرلىشەلمىدۇق، بىرلەشتۈرمىدى» دەپ خوشلاشقان ئىدى.
بۇ
يەردە، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقى ئۆز – ئۆزىدىن
چۈشىنىشلىك – ئەلۋەتتە!
4
مەسئۇت ئەپەندى ئۆلكە رەئىسلىكىدىن بوشىتىلغاندىن كېيىن، بىر يىلغا يېقىن
ۋاقىتنى ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە داۋالىنىش ۋە دەم ئېلىش بىلەن ئۆتكۈزدى.
مۇشۇ
بىر يىل ئىچىدە ئۆلكىدە ۋە خىتاي دۆلىتى ئىچىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر
مەيدانغا كەلدى. خىتاي دۆلىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن گومىنداڭ
ھۆكۈمىتى كوممۇنىستلار بىلەن بولغان ئىچكى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، چوڭ
قۇرۇقلۇقتىكى ھۆكۈمرانلىقىدىن ئايرىلدى. قالغان – قاتقان كۈچلىرىنى
يىغىشتۇرۇپ، تەيۋەن ئارىلىغا چىقىپ كەتتى. كوممۇنىستلار بولسا، ھەربىي
جەھەتتە گومىنداڭ ئارمىيىسىنى يېڭىپ، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى
چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالدى.
1949
– يىل 1 – ئۆكتەبىردە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان
قىلىندى. ماۋزېدوڭ باشچىلىقىدا مەركىزىي ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىنىپ، رەسمىي
ئىشقا كرىشتى.
شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىدىمۇ جىددىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. سىتالىنچىلار
بىلەن ماۋزېدوڭچىلار تىل بىرىكتۈرۈپ، ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىگە سۇيىقەست پىلانلاپ،
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىزىل قان بەدىلىگە كەلگەن ئىنقىلاپ مېۋىسىنى
دەپسەندە قىلىپ، ئازاد بولۇپ بولغان ئۈچ ۋىلايەتنى ماۋزېدوڭچىلارغا قايتا
ئويۇنچۇق قىلىپ بەردى.
گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتە ۋىلايەتتە بولسا، ئۆز ۋاقتىدا مەسئۇت
ئەپەندىنىڭ چىڭ تۇرۇپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن «چىنى
تۈركىستان»، «تۈرك مىللىتى» دېگەن ناملار ۋە شۇ ئاساستا بېرىلگەن مىللىي
مۇختارىيەت تۈزۈمى بەربات قىلىنىپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. شۇنداق قىلىپ،
كوممۇنىستلارنىڭ ھېچبىر توسالغۇسىز بېسىپ كىرىشى ئۈچۈن داغدام يول
ھازىرلاندى.
مۇشۇنداق ئەھۋالدا، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئۆمۈر بويى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى
نەتىجىسىز ئاخىرلىشىپ، بۈيۈك ئارزۇ – ئارمانلىرى قويۇق تۇمان ئارىسىدا
غايىب بولۇشقا باشلىدى. ۋەتەننىڭ ئىستىقلالىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن بولۇپ،
ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى ئىگەللىۋالغان ئىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا، ۋەتەندە
ياشاش مەنىسىز بولۇپلا قالماستىن، ھاياتنىڭ ئۆزىمۇ خەۋپ – خەتەر ئاستىدا
قالماقتا ئىدى.
مەسئۇت ئەپەندىنىڭ مەسلەكداش، مەقسەتداش دوستلىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا،
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە باشقىلار ماۋزېدوڭچىلارنىڭ قولىدا نابۇت بولۇپ
كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ۋەتەندىن ئايرىلىپ، چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە ۋە
شۇ ياقلاردا ئۆمۈر بويى مۇساپىر بولۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ.
1949
– يىلى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئۇلار مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئالدىغا
كېلىپ، ئۆزلىرى بىلەن بىللە چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە تەكلىپ قىلغاندا،
مەسئۇت ئەپەندى سەبداشلىرىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: «سىلەرنىڭ
غەمخورلىقىڭلارغا رەھمەت! ئۆمۈر بويى بىللە ياشىدۇق، بىللە كۈرەشتۇق،
خۇشاللىقتىمۇ، قايغۇدىمۇ بىللە بولدۇق. ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە بىللە كۈرەش
قىلىپ، بىللە ئۆلىشىمىز كېرەك ئىدى. ئەپسۇس، مانا بۈگۈن پەلەكنىڭ
كاجلىقىدىن كۈتكەن ئارزۇ – ئۈمىدلىرىمىزگە يېتەلمەي، يېرىم يولدا
ۋىدالىشىۋاتىمىز. پەلەكنىڭ چەرخى تەتۈر چۆرگىلىدى. تەقدىر بىزگە كۈلۈپ
باقمىدى، ئارزۇ – ئارمانلىرىمىز يوققا چىقماقتا، ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى زەبۇن
بولماقتا. سىلەر ئېيتقاندەك، ئەمدى ۋەتەندە ياشاشنىڭ مەنىسى قالمايۋاتىدۇ.
مېنىڭ دۈشمەنلىرىم مەندىن ئۆچ ئالماي قالمايدۇ. ئۇنىڭغا كۆزۈم يېتىپ
تۇرىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، مەن ۋەتەندىن كەتمەسلىكنى قارار قىلدىم. چۈنكى مەن
مۇشۇ ۋەتەندە تۇغۇلدۇم، بۇ ۋەتەننىڭ نېنىنى يەپ، شەربەت سۈيىنى ئىچىپ چوڭ
بولدۇم. ئۆمۈر بويى ۋەتەن دەپ ياشىدىم. ئۇنىڭ ئىستىقلالى ئۈچۈن كۈرەش
قىلىشقا بارلىقىمنى ئاتىدىم. ئەمدى ئۆلسەممۇ، ۋەتىنىمنىڭ قوينىدا ئۆلەي،
ۋەتەن دەپ سوققان يۈرىكىم، شۇ ۋەتەننىڭ تۇپرىقىغا سىڭىپ كەتسۇن. مېنىڭ
سۆڭەكلىرىم چەتئەلدە ئەمەس، ئانا يۇرتۇمنىڭ قوينىدا قالسۇن! مېنىڭ ئاداققى
ئۈمىدىم مانا بۇ.
خەير
دوستلىرىم، سىلەرگە ئاق يول تىلەيمەن!»
مەسئۇت ئەپەندى مۇشۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ قەدىردان دوستلىرىنى ئۇزىتىپ
قويۇپ، ئۆزى ئانا ۋەتەندە قېلىپ قالدى.
كۆپ
ئۆتمەيلا، ئۆلكىگە ماۋزېدوڭچى باسقۇنچىلار يېتىپ كەلدى. ئۇلار مىڭبىر ھىيلە
– نەيرەڭ بىلەن خەلقنى ئالداپ، ئۆزلىرىنى خەلقچىل، ئادىل، پاك كىشىلەر
قىياپىتىدە كۆرسىتىشكە تىرىشتى. شۇنداق قىلىپ، بىچارە ئاقكۆڭۈل، ساددا
خەلقىمىزنى ئالداپ، شىللىسىگە مىنىۋالدى.
ئىككىنچى تەرەپتىن، ”سىنىپىي كۈرەش ئېلىپ بارىمىز“ دېگەن باھانە بىلەن
خەلقىمىزنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر، ۋەتەنپەرۋەر ئوغلانلىرىنى مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ
تۈرمىلەرگە سولاپ، مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى. مەھبۇسلارنى ۋەھشىيلارچە
قىيناپ، بەزىلىرىنى ئۇزۇن يىللىق جازاغا مەھكۇم قىلدى. بەزىلىرىنى يوشۇرۇن
ئۆلتۈرسە، بەزىلىرىنى خەلق ئالدىدا ئاشكارا ئۆلتۈردى.
1950
– يىلىنىڭ بېشىدا، مەسئۇت ئەپەندىنى تۈرمىگە ئېلىش توغرۇلۇق بۇيرۇق
چىقىرىلدى. بىراق، مەسئۇت ئەپەندى ياشىنىپ قالغاچقا تېنى زەئىپ بولۇپ،
تۈرمە ئازابىنى كۆتۈرەلمەي ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئەگەر ئۆلۈپ كېتىپ
قالسا، مەسىلىسىنى ئىقرار قىلدۇرالمايمىز دېگەن ئەندىشە بىلەن ئۇنى ئۆز
ئۆيىدە ”مىرزا قاماق“ تا تۇتۇشقا كېلىشتى. «ئالدى بىلەن مەسىلىنى تۈگەل
تاپشۇرۇپ ئالايلى، ئۇندىن كېيىن بىر گەپ بولار» دەيدۇ ئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن
نازىرى ليۇ گېپىڭ.
شۇنداق قىلىپ، مەسئۇت ئەپەندى ئۆز ئۆيىدە ”مىرزا قاماق“ تا تۇتۇلىدۇ.
دەرۋازىغا پوس قويۇلۇپ، ئائىلە ئەزالىرىدىن باشقىلارنىڭ كىرىپ – چىقىشى
چەكلىنىدۇ.
مەسىلە تاپشۇرۇۋېلىش زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۇنى ئۈستى يېپىق ماشىنا بىلەن
ساقچى نازارىتىگە مەخپىي ئېلىپ كېلىپ سوراق قىلاتتى ياكى سوراقچىلار ئۇنىڭ
ئۆيىگە بېرىپ سوراق قىلىپ، مەسىلە تاپشۇرۇپ ئالاتتى.
مۇشۇنداق خورلاشلارنىڭ ئاقىۋىتىدە، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ تېنى ئاجىزلاپ، روھىي
جەھەتتىن قاتتىق ئازابلىنىدۇ.
”ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك“ دېگەندەك، جەمئىيەتتىن ھەر كۈنى دېگۈدەك شۇم
خەۋەر كېلىپ تۇرىدۇ. پۈتۈن ئۆلكە غايەت زور تۈرمىگە ئايلىنىدۇ. يۈز
مىڭلىغان كىشىلەر تۈرمىلەردە، لاگىرلاردا ئازاب چېكىدۇ، ئېتىلىدۇ ياكى
كېسىلىدۇ. شۇلارنىڭ قاتارىدا مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئىنىلىرى ئابدۇغوپۇر بىلەن
رەخىمجانلار، ئوغۇللىرى ئەرتۇغرۇل بىەلن يىلدىرىملار تۈرمىگە ئېلىنىدۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەيلا، غۇلجا شەھىرىدە ئىنىسى ئابدۇغوپۇر بىلەن ئوغلى يىلدىرىمنى
خەلق ئالدىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى توغرۇلۇق شۇم خەۋەر يېتىپ كېلىدۇ.
ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا چوڭ ئوغلى ئەرتۇغرۇلنى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم
قىلغانلىقى توغرۇلۇق شۇم خەۋەر كېلىدۇ. ئىنىسى رەخىمجاننىڭ ھاياتىمۇ خەۋپ
ئاستىدا ئىدى. مانا مۇشۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ روھىغا قاتتىق تەسىر
قىلىپ، سالامەتلىكى بەكمۇ ناچارلىشىدۇ ۋە كۈندىن – كۈنگە ناچارلىشىپ
كېتىدۇ.
ئەنە
شۇنداق، ساقچىلارنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا، ئۇنىڭ سىرتتىكى كىشىلەر
بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈزۈپ قويۇلىدۇ. ئاغرىقىنى داۋالاشقىمۇ يېتەرلىك
كۆڭۈل بۆلۈنمەيدۇ. روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى مۇشۇنداق خورلۇقلار
نەتىجىسىدە، 1952 – يىلى باھاردا، ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە 66 يېشىدا ۋاپات
بولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى، ۋەتەنپەرۋەر، ئۆز
خەلقىنىڭ ئازادلىقى، ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىكى يولىدا ئۆمۈر بويى كۈرەش
قىلغان جەڭچى دۇنيادىن ئۆتتى. ئۇ ئىزگۈ – ئارمانلىرىغا يېتەلمەي، قارا
تەقدىرگە پۈتمەس – تۈگىمەس لەنەتلەر ئېيتىپ، ئاچچىق ئەلەم، دەردلىك پىغان
بىلەن ئۆتتى. جەڭچى دۇنيادىن ئۆتتى، لېكىن ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى،
ئۆچمەس جاسارىتى، ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇلىرى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مىراس
بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ روھى ئەۋلادلىرىنى بۈيۈك مەقسەت يولىدا قەھرىمانلىق
كۈرەشلىرىگە چاقىرماقتا. مۇشۇ چاقىرىقنى يۈرىكىدە ساقلىغان سەبداشلىرى
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، پولات قادىرى ۋە باشقىلار
ئۆزلىرى چەتئەلدە مۇساپىرلىق دەردىنى تارتىپ يۈرسىمۇ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر
مۇھاجىرلىرىنىڭ بېشىنى قوشۇپ، ”شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار جەمئىيىتى“ گە
ئوخشاش جەمئىيەت – تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» غا
ئوخشاش گېزىت – ژورناللارنى چىقىرىپ، خىتاي باسقۇنچىلىرىنى ئۈزلۈكسىز پاش
قىلماقتا. ۋەتەن داۋاسىنى قىلىپ، خەلق دەردىنى ئىزھار قىلماقتا.
دۇنيادىكى مۇستەقىللىقكە ئېنتىلىۋاتقان باشقا مىللەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ،
خەلقئارا بىرلەشمىلەرنى تەشكىل قىلماقتا.
ئەپسۇسكى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان
مۇھاجىرلىرى سان جەھەتتىن كۆپ، ئىقتىسادىي ئىمكانلىرىمىز كەڭرى بولسىمۇ،
تىلغا ئالغۇدەك بىرەر ئىش قىلالمىدۇق.
ۋەتەنپەرۋەر، بۈيۈك ئىنقىلابچى، ھارماس – تالماس جەڭچى __ مەسئۇت سابىرىنىڭ
دۇنيادىن ئۆتكىنىگە 50 يىلدىن ئاشتى. مۇشۇ 50 نەچچە يىلدىن بېرى ئۇنىڭ
ۋەتىنىدە كۈرەش ئوتلىرى ئۆچكىنى يوق. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى پېشقەدەم
ئىنقىلابچىلارنىڭ شانلىق ئىزىنى بېسىپ، مۇقەددەس ئازاتلىق بايرىقىنى ئېگىز
كۆتۈرۈپ، دۇنيادىكى ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلەشكەن ھالدا ئالغا
باسماقتا.
5
مەسئۇت ئەپەندى ھەممىدىن ئاۋال ھەقىقىي ئىنسان ئىدى. ئۇ ئىنسانلارچە
ياشىدى، كۈرەشتى ھەم ئىجاد قىلدى. ئۇ شەخسىي تۇرمۇشتا ئاددىي – ساددا
بولۇپ، ئۆزىنى كەمتەر تۇتۇشنى بىلەتتى. ئۆز خەلقىنىڭ غېمىنى ئويلىماي،
ھوزۇر – ھالاۋەتتە، راھەت – پاراغەتتە ياشاشنى خالىمىدى. ئۆزىنىڭ
بارلىقىنى، جانىجان خەلقىگە، ئۇنىڭ بەخت – سائادىتىگە بېغىشلىدى.
مەسئۇت ئەپەندى يېتۈك ئالىم ۋە ئەدىب ئىدى. ئۇ ئۆز كەسپى بويىچە دوختۇر
بولۇپ، مېدىتسىنا ئىلمىدە نەزەرىيىۋىي ۋە ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە ئىدى. تىل
بويىچىمۇ چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە تىلشۇناس ۋە تەرجىمان ئىدى. ئۇ تۈركىي
خەلقلىرىنىڭ تىل بايلىقىنى بىلگەندىن سىرت، تۈرك، خىتاي، ئىنگىلىز
تىللىرىنى بىلەتتى. تىل مەسىلىلىرى بويىچە يازغان ئەسەرلىرىمۇ بار ئىدى.
تارىخ، ئىجتىمائىييەت ۋە پەلسەپە پەنلىرىدىن خەۋەردار ئىدى. ئۇ ئىچكى
خىتايدا تۇرغان مەزگىللىرىدە، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ يۈرگەن خىتاي
زىيالىيلىرى مەسئۇت ئەپەندىنىڭ بىلىم دائىرىسىنىڭ كەڭلىكىگە ۋە
چوڭقۇرلۇقىغا قايىل بولۇپ، ھەر دائىم ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ئېلىپ تۇراتتى.
ئاخىرىدا، مەسئۇت ئەپەندى ئۇلۇغ ئىنقىلابچى ئىدى. ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى شۇ
يەردىكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنقىلابىي غايىسىگە ئاخىرغىچە سادىق قالالىدى.
تۇغۇلغان ئېلىنىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ھاياتىنى
مەرتلەرچە قۇربان قىلالىدى. كۈرەش يولىدا ئۇچرىغان ئېغىرچىلىق ۋە جەۋر –
جاپالارغا باش ئەگمىدى. ئىنقىلابنىڭ ئېغىر يۈكىنى مەرتلىك بىلەن يەلكىسىگە
ئېلىپ، تارىخنىڭ ئېغىر سىناقلىرىدىن شەرەپ بىلەن ئۆتەلىدى.
مەسئۇت ئەپەندى ھايات ۋاقتىدا، تەقدىر ئۇنى ئەركىلەتمىدى. ھاياتتا ھەمىشە
بولۇپ كەلگىنىگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ دانالىقى ئۈچۈن جازاغا ئۇچرىدى. دۈشمەنلىرى
ئۇنى: «مىللەتچى، پانتۈركىست، تۈركىيەنىڭ ئىشپىيونى، ئەنگىلىيەنىڭ جاسۇسى،
خىتاينىڭ غالچىسى» دېگەندەك تۆھمەت – بوھتانلار بىلەن قارىلىدى. تاكى
ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يامان ئاتلىق ”ياغلىق قاپاق“ بولۇپ ئۆتتى.
م.
گوركىي ئۆزىنىڭ لېنىن ھەققىدىكى خاتىرىلىرىدە: «بۇ دۇنيانىڭ بۈيۈك كىشىلىرى
ئارىسىدا تۆھمەتچىلەرنىڭ قارا يۈزلۈك بىلەن قىلغان ھاقارەتلىرىگە دۇچ
كەلمىگەن بىرەر ئادەم بولمىسا كېرەك» دەپ يازغانىدى.
مەسئۇت ئەپەندىنىڭ تەقدىرىمۇ خۇددى شۇنداق بولدى. بىراق، بۈگۈن ئېلىمىزدە
قانات يايغان دېموكراتىيە ۋە ئاشكارىلىق شارائىتىدا ھەقىقەتنى ئېچىپ
تاشلاپ، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان سىتالىنچىلار بىلەن ماۋزېدوڭچىلار
تەرىپىدىن تېڭىلغان يالغانلارنى ھەقىقىي پاكىتلار ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ
تاشلىدۇق.
ئۇنىڭغا كىيگۈزۈلگەن سىياسىي قالپاقلارنى ئېلىپ تاشلاپ، مۇبارەك نامىنى
ئەسلىگە كەلتۈردۇق. بۇرۇن ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا ئۇنى قارىلاپ، تۆھمەت
تاشلىرىنى ئېتىپ كەلگەن ۋە ئۇنىڭ شەنىنى بۇلغاپ كەلگەن يارىماس ئەۋلادلار،
بۈگۈن كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ، ئۇنىڭ روھى بىلەن يارلىشىدۇ.
بىز
دۇنياغا تەنتەنە بىلەن شۇنى جاكارلايمىزكى، مەسئۇت سابىرى ئەپەندى ھەقىقىي
ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر، يالقۇنلۇق ئىنقىلابچى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ
مۇنەۋۋەر پەرزەنتىدۇر. ئۇنىڭ شانلىق نامى بىزنىڭ تارىخىمىزدا، بارلىق
ئىنقىلابچىلار قاتارىدا ئۆزىگە مۇناسىپ، شەرەپلىك ئورۇن ئالىدۇ.
ئۇنىڭ مۇبارەك خاتىرىسى خەلقىمىزنىڭ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ خاتىرىسىدە مەڭگۈ
ياشايدۇ.
ھەقىقەت ھەر قاچان غالىبتۇر، ياشىسۇن ھەقىقەت!
1991
– يىل، ئالمۇتا
پايدىلىنىلغان كىتابلار:
1 .
«بىر نۇتۇق» ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
2 .
مىللىي مەسىلە بويىچە يىغىن ماتېرىياللىرى.
3 .
«ئۆلكە تارىخى» پولات قادىرى.
4 .
«خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىي تارىخىي» د. ۋ. فوربىس
5 .
«ئۈرۈمچى سۆھبىتىدىن ئازات بولغانغا قەدەر» جاڭ جىژجۇڭ.
6 .
«شىنجاڭنىڭ 50 يىلى» بۇرھان شەھىدى.
7 .
«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى» 85 – يىللىق 3 – سان
|