|
بارىن ۋەقەسى
«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» ۋەقەسى
(1990 - يىل 10 - ئاي كاشغەر)
نىزامىددىن ھۈسەين
بارىن ـ ئەسلى نامى (كونا قورغان). ئاقتۇ بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا
جايلاشقان، يېزا مەركىزى ناھىيە بازىرىدىن 17 كىلومېتىر يىراق. يەر مەيدانى
1087 كۇۋادىرات كىلومېتىر (ھازىرقى پوسكام ناھىيىسىدىن 9 - كۇۋادىرات
كىلومېتىرلا كىچىك) 1990 - يىلىقى نۇپۇسى 19 مىڭ 650. ھەممىسىلا دېگۈدەك
ئۇيغۇر، قىرغىز. 1954 - يىلى يىڭىساردىن ئاقتۇغا بۆلۈپ بېرىلگەن. 1959 -
يىلىدىن 1982 - يىلىغىچە بۇ يۇرتنىڭ خەلقى بىر گۇڭشى، 14 دادۈي، 63
شياۋدۈيگە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ «خەلق گۇڭشىسىنىڭ ئەۋزەللىكى» بىلەن نورمىلىق يەپ،
نومېرغا ئىشلەپ «دارامەت» ئېلىپ پۇقرادارچىلىق تىرىكچىلىكىنى ئۆتكۈزۈپ
كېلىشكەن. 1982 - يىلىغىچە بۇ گۇڭشى تەۋەسىدە گۇڭشى، دادۈي، شياۋدۈى (3
دەرىجە) بويىچە 435 (3 دەرىجىلىك) كادىر، 52 پارتىيە ئەزاسى، 103 ئىتتىپاق
ئەزاسى، 250 «خەلق ئەسكىرى» (مىن بىڭ) بۇ يۇرتنىڭ ئومۇمىي خىزمەتلىرىنى چىڭ
تۇتۇپ، خەلق «ئازات»لىقىنى تەمىن قىلىپ تۇرغان. بىر دادۈي، 14 داڭجىزبۇ،
بىر گۇڭشى مەھكىمىسى، 14 دادۈي مەھكىمىسى، 63 شياۋدۈي ئىشخانىسى، گۇڭشى
مەركىزىدە ناھىيىگە قاراشلىق 18 ئورگان بىر ساقچى بۆلۈمى (پەيچوسۇ) خەلق
ئۈچۈن «خىزمەت ئىشلەپ» تۇرغان. 1982 - يىلى بۇ يەردە «گۇڭشى» تۈزۈمى
ئەمەلدىن قېلىپ «يېزا» تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. يېزىنىڭ 69 پىرسەنت بايلىق
نىگىزى ھۆكۈمەت، گۇڭشى، دۈي كادىرلىرى ئىلكىدە. خەلق ئاساسەن كەمبەغەل.
قۇتقۇزۇش ئالىدىغان نامراتلار « 5 تە كاپالەت ئائىلىسى» 102 (401 ـ نوپۇس.)
يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 82 - يىلىغىچە 180 يۈەندىن
ئېشىپ باقمىغان. خەلقنىڭ «گۇڭشى»لىشىپ ياشىغان «ئازات» دەۋرى توغرىسىدا
توقۇغان قوشاقلىرى ئىچىدە مۇنداق بىر قوشاقمۇ بار:
بىزنىڭ يۇرتنىڭ بالىلىرى ھەر نېمە دەيدۇ،
30
جىڭنى 60 ئۆلچەپ «تويغۇچە» يەيدۇ.
ئايەت قىلىپ، كىتاب قىلىپ بىر ئوقۇغاننى،
تەكرارلىساق، تەكرارلىساق پايدا بولمايدۇ.
بارىنلىقنىڭ بۇ قوشىقى ئۇلار ياشىغان «گۇڭشى زامانىسى» نىڭ ئەڭ ئىخچام
تەسۋىرىدۇر.
بۇ
يىزىدا 1990 - يىل 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى مەشھۇر «بارىن ۋەقەسى» يەنى ھۆكۈمەت
تىلى بىلەن ئاتىغاندا «بارىن ئەكىسلئىنقىلابىي قوراللىق توپىلاڭ» ۋەقەسى
يۈز بەردى.
ۋەقەنىڭ ئومۇمى جەريانى ۋە ئاقىۋىتى توغرىسىدا ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ئىچكى
ھۆججەت، نۇتۇقلاردىن، ئۆزەم بىۋاستە ئىزدىنىپ ئىگەللىگەن مەنبەلەردىن
پايدىلىنىپ تۆۋەندىكىچە ئەسلىمە يازىمەن:
بۇ
ۋەقە ھەققىدە سۇڭ خەنلياڭ شۇجى مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ:
بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق توپىلاڭ بىر بۆلۈم
ئەكسىيەتچى كىشىلەر تەرىپىدىن تەشكىللىك، پىلانلىق، مەقسەتلىك ھالدا
قوزغىتىلغان. مەقسىدى: كومپارتىيىنى ئاغدۇرۇپ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستان
ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش. مۇشۇ مەقسەت يولىدا ئۇلار بۇ يېزىدا 1989 -
يىلىدىن باشلاپ ئەزا قوبۇل قىلىپ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى»نى
رەسمى قورغان. بۇ «پارتىيە»نىڭ دەسلەپكى يادرولۇق (رەھبەرلىك) كۈچى 8
تاپانچا كۈچى 10 كىشىدىن ئىبارەت. 1990 - يىلىنىڭ بېشىدا بۇ «پارتىيە»
جامال مۇھەممەدنىڭ ئۆيىدە 1 ـ قېتىم «پارتىيە يىغىنى» ئېچىپ خىزمەتلەرنى
مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان. 1990 - يىل 2 - ئاينىڭ بېشىدا «ساي
مەسجىد» تە 2 - قېتىم يىغىن ئاچقان. 3 ئاينىڭ 15 - كۈنى مەختە قۇشماقنىڭ
ئۆيىدە 3 - قېىتىم يىغىن ئېچىپ قورال- ياراق، ئوق ـ دورا تەييارلاش، پىچاق،
ئاق چوخەي، ئاق رەختلەرنى سېتىۋېلىش (ئاق چوخەي شۇلارنىڭ بەلگىسى ئىمىش)
مەسىلىسى بىلەن ئىنتىزام مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. «مەخپىيەتلىكنى
قاتتىق ساقلاش كېرەك. كىم مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويسا ئۇنى پۈتۈن
ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرۈىۋېتىش كېرەك......» دەپ بەلگىلىگەن. 3
- ئاينىڭ 25 - كۈنى «ساي مەسجىد» تە 4 - قېتىم يىغىن ئېچىپ قوراللىق
توپىلاڭنىڭ كۈنكرېت تەشكىلى ۋە ئىش تەقسىماتىنى مۇھاكىمە قىلىپ، شەخسلەر
بويىچە ئېنىق ۋەزىپە تەقسىم قىلىنغان. تەشكىلات باشلىقى زەيدۇن يۈسۈپ بۇ
يىغىندا «.... ناۋادا مەن ئۆلۈپ كېتىپ قالسام ئابدۇغەنى تۇرسۇن داۋاملىق
قوماندانلىق قىلىدۇ....» دەپ ئالاھىدە تەۋسىيە بايان قىلغان.
تەشكىلات يېتەكچىلىرىنىڭ كۈنكرېت ئىش تەقسىماتى تۆۋەندىكىچە:
1 ـ
باش قوماندان ـ زەيدۇن يۈسۈپ (زەيدۇن قارى) 26 ياش. بارىن كەنتىدىن،
دېھقان. ئىلگىرى 2 قېتىم كاشغەردە مەدرستە ئوقۇغان. ئۈرۈمچى، ئاقسۇ،
قاغىلىق، خوتەنلەردە بىر مەزگىل سەرگەدان بولغان. 1989 - يىلىدىن كېيىن
بارىن يېزىسىدا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» قۇرۇشقا كىرىشكەن.
ئەزا قوبۇل قىلغان. قورال ـ ياراق تەييارلىغان. قاغىلىقلىق قاتىل،
ئەكىسلئىنقىلابچى ئوبۇلقاسىم بىلەن مەخپىي ئۇچرىشىپ بارىن يېزىسىدا
زوراۋانلارنى تەربىيىلىگەن. بۇ قېتىمقى توپىلاڭغا بىۋاستە قوماندانلىق
قىلغان. بىز تەرەپتىن توپىلاڭ ئۈستىدە ئېتىپ تاشلانغان.
2 ـ
مۇئاۋىن باش قوماندان ـ ئابدۇغەنى تۇرسۇن قوشۇمچە مالىيە باشلىقى،
تۇتۇلمىغان.
3 ـ
جامال مۇھەممەد 28 – ياش، بارىنلىق دېھقان. ھەرىكەتنىڭ 3 ـ دەرىجىلىك
باشلىقى. 89 - يىل 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام
پارتىيىسى»گە كىرگەن. توپىلاڭنى پىلانلىغان. ھەربىي جەھەتتىن قوماندانلىق
قىلىشقا مەسئۇل بولغان. پائال خىراجەت توپىلغان. 89 - يىل 8 - ئاينىڭ
ئاخىرىدا ئويتاغ سمونت زاۋۇتىدىن كاپسۇل، پارتلاتقۇچ دورا سېتىۋالغان. 90 -
يىل 2 - ئايدا كاشغەردىكى بىر يەككە تۆمۈرچىنىڭ دۇكىنىغا يەرلىك ئۇسۇل
بىلەن 200 دانە گىرانات ياساپ بېرىشنى زاكاز قىلغان ھەم ياسىتىپ بارىنغا
ئۆزى ئەكەلگەن. باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئۆزى 100 گىرانات ياسىغان. سوقوشتا
قولغا چۈشكەن.
4 -
ئىسھاق ھۇشۇر. ھەرىكەتنىڭ ئارقا سەپ قوماندانى. ھەرىكەت ئۈچۈن ئاكتىپ
كۈچىگەن. قاچقان يېرىدە ئېتىۋېتىلگەن. يېنىدىن 4000 يۈەن پۇل چىققان.
5 -
ئابدۇرەھىم تۇردى. خەۋەرلىشىش، ئالاقىلىشىش ئىشلىرىغا، يەرلىك ئۇسۇلدا
گىرانات ياساشقا مەسئۇل بولغان. قولغا چۈشكەن.
6-
مۇھەممەد تۇردى. قاتناش قوراللىرىغا، ئات ـ ئۇلاغ سېتىۋىلىشقا مەسئۇل،
قارشىلىق ئۈسىتىدە ئېتىۋېتىلگەن.
7-
ئەھەد تىلىۋالدى. قوراللىق توپىلاڭ 1 - شتاۋىنىڭ قوماندانى. قورال بۇلاپ،
جەڭچىلەر ئۇرۇشىغا قاتناشقان. قارشىلىق ئۈستىدە قولغا چۈشكەن.
8 -
تۇرغۇن ئىسھاق. توپىلاڭ 2 - شىتاۋىنىڭ قوماندانى. قارشىلىق ئۈستىدە قولغا
چۈشكەن.
9-
مۇھەممەد تۇرسۇن. 23 ياش پىلانلىق تايانچى ئۇنسۇر. ئىلگىرى ھۆكۈمەتتىن
رەزبە يېگەن. بۇ «پارتىيە»گە كىرگەندىن كېيىن نۇرغۇن قېتىم ئەكسىيەتچىل
تەشۋىق ۋاراقلىرى تارقاتقان. توپىلاڭ ئۈستىدە بىر پىلىمۇت، بىر تاپانچا،
بىر يۈرۈش ساقچى كىيىمى بۇلۇۋېلىپ جەڭچىلەرنى قاتتىق ئوققا توتقان.
قارشىلىق ئۈستىدە ئوق تېگىپ ئۆلگەن.
10 -
سىدىق ھاجى ئىسھاق 26 ياش، بارىن سايباغلىق تايانچى ئۇنسۇر. 1990 - يىلى 3
- ئاينىڭ 26 - كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى»گە كىرگەن. ھۆكۈمەت
ساقچىلىرىنىڭ بىر پىلىموتىنى تارتىۋالغان. يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىغا 3
گىرانات ئاتقان. قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇرۇپ
قىينىغان. بىر پىلىمۇت، بىر گىرانات بىلەن 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئۆيىدە
قولغا چۈشكەن.
11 -
ئابدۇللاھ قاسىم 30 ياش، بارىن قوغاندىن. 1990 - يىلى 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى
بۇ «پارتىيە»گە قاتناشقان. كۈزەتچىلىك قىلغان. بىر نەچچە قېتىم ھۆكۈمەت
قىسىملىرىنىڭ ماشىنىلىق كىشىلىرىگە توسۇپ زەربە بەرگەن. ساقچىلارنىڭ بىر
تاپانچىسىنى تارتىۋالغان 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى قارشىلىق ئۈستىدە بىر تاپانچا
بىلەن قولغا چۈشكەن.....»
«.... بۇ پارتىيىنىڭ ئەزالىرى ھەرىكەت راسخوتى ئۈچۈن 3 - ئاينىڭ 20 -
كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە 11 كۈن ئىچىدىلا بارىن تەۋەسىدىكى 4 كەنىتتىن 15
تاغار ئاشلىق يىغقان. 13 مىڭ يۈەن پۇل توپلاپ، قېلىچ، پارتلاتقۇچ دورىسى،
گىرانات، بومبا سېتىۋالغان، ياساتقان. 4 ئات، بىر موتۇسىكىلىت
سېتىۋالغان...»
بىلىشىمچە، ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى 1990 - يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى
ھۆكۈمەتكە پاش بولۇپ قالغان. (بىر قىسىم مەخپىي خىزمەتچىلەر پاش قىلغان
ئەلۋەتتە.) ئاقتۇ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرسۇن بۇ يېزىغا
دەرھال كېلىپ يىغىن ئېچىپ، ئۇلاردىن بۇ ھەرىكەتنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان
ھەم ھەرىكەتنى ئاممىغا (جەمئىيەتكە) ئاشكارىلىغان. شۇ چاغدا بۇ يىغىنغا
قاتنىشۋاتقان قىزىل كەنتنىڭ بوغالتىرى بۇ «پارتىيە» ئەزاسى ئىيسا موللا
ئونىڭغا دەرھال قارشى چىقىپ «بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق تەييالىقىمىز بار.
بىز پۇشايمان قىلمايمىز... ئاخىرقى غەلىبە بىزنىڭ بولىدۇ.... دېگەن»
ھەرىكەت ھۆكۈمەتكە پاش بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ئىسيانچىلار ئۆزىنىڭ
ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى دەرھال سېزىپ تېزلىك بىلەن 30 كىشى جەملىشىپ
يېزىلىق ساقچى بۆلۈمى (پەيچوسو) دىكى ھېلىم ئىبراھىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ
ئۇنىڭغا «جىم تۇرۇش» تەھدىدى سالغان. ئاخشىمى يەنە بىر 30 كىشىلىك گۇرۇپپا
چېكى كەنتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش باشلىقى ئىيسا روزىغا تەھدىت سېلىپ «ھوشۇڭنى
تاپ»، «توۋا قىل» دېگەن. لېكىن چېقىلمىغان. بۇ ئەھۋاللارنى مۇئاۋىن شۇجى
تۇرسۇن بىلەن ناھىيىلىك ساقچى باشلىقى ئابابەكرى ئاڭلاپ دەرھال چېكى
كەنتىگە كەلگەن. مەسجىدكە يىغىلغان 200 نەچچە كىشىگە بۇيرۇق ئاھاڭىدا
سۆزلەپ «پارتىيە سىياسىتى» نى تەشۋىق قىلغان. مەسجىد جامائىتى دەرھاللا:
«بۈگۈن سىلەرنىڭ يۈز خاتىرەڭلەرنى قىلىپ چىرايلىقچە يولغا سېلىپ قويايلى،
ئەتە خەنزۇ كادىرلار كېلىپ باقسۇن قېنى قانداق قىلىدىكەنمىز...» دېيىشكەن.
4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئەتتىگەن سائەت 6 دە ئەكسىيەتچىلەردىن 200 نەچچە ئادەم
قوللىرىغا چىراق ئېلىپ تەكشى قەدەم تاشلاپ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ يۇقىرى
ئاۋازدا توۋلاپ «غازات» قىلىش ئىرادىسىنى بىلىدۈرۈش ئۈچۈن يېزىلىق
ھۆكۈمەتكە قاراپ يولغا چىققان. يېزىلىق ھۆكۈمەت دەرۋازىسى ئالدىدا
ئەتتىگەنلىك بامدات نامىزى ئوقۇغان. نامازدىن كېيىن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە مۇنۇ
تەلەپلەرنى قويغان: «.... ھەر قانداق ھۆكۈمەت ئادەم ئۆلتۈرگەنلەرنى ئاتىدۇ.
يېزىمىزدا 250 ئايالنىڭ بالىسى چۈشۈرۋېتىلدى. (1989 - يىلى بىر يىللىق
ساناق) بۇنداق قىلىش قاتىللىق ھېسابلىنامدۇ؟ ھېسابلانمامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن
ئېتىلمايدۇ؟.... ئىچكىرىدىن ئۈرۈمچىگە ھەر 15 مىنۇتتا بىر پويىز كېلىپ
تۇرىدىكەن، كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇكەن، بىز ئاز سانلىق مىللەتلەرگە
پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇڭلار دېگەندىن كۆرە خەنزۇلارنى كەلتۈرمىسە
بولمامدۇ...؟ بىز كۈرەش قىلىپ خەنزۇلارنى شىنجاڭدىن قوغلاپ چىقىرىشىمىز
كېرەك.... پىلانلىق تۇغۇت ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن. شىنجاڭغا خەنزۇ كۆچۈرۈش
تۈختىتىلسۇن. خەلقىمىز ئۈستىدىكى سېلىق مەجبۇرىيەت يەڭگىللىتىلسۇن. چۇڭ
خەنزۇچىلىق تۈگىتىلسۇن، دېموكراتىيىگە يول قويۇلسۇن.... ئىزىشكە،
يۇتۇۋېلىشقا، خورلۇققا قارشى تۇرىمىز...»
تۇرسۇن شۇجى ۋەقەنىڭ جىددىلىكىنى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكوم شۇجىسى نيوبىڭ
شىنغا تېلېفوندا جىددى دوكلات قىلىپ: دەرھال قوراللىق كۈچلەرنى ئەۋتىپ
بېسىقتۇرۇش چارىسى كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان: «خەنزۇ كادىرلار كەلمەي تۇرسۇن»
دېگەن خوشامەت تەكلىۋىنىمۇ بەرگەن. 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن
ئوبلاست بىلەن ناھىيە بۇ يەرگە 60 كادىر ئەۋەتكەن. چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دە
ئوبلاستىن ئەۋەتىلگەن مۇنتىزىم قوراللىق 62 ھەربىي، ساقچى بۇ يەرگە يېتىپ
كەلگەن. ئارقىدىن كەچ سائەت 9 دا كاشغەر شەھىرىدىن 130 مۇنتىزىم قوراللىق
ھەربىي بۇ يەرگە ئۈنگەن. ئىسيانچىلار بىلەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى ئۇتتۇرىسدا
قاتتىق ھەربىي ئېلىشىش، تۇتۇشۇش، مۇشلىشىش باشلىنىپ كەتكەن. ئىسيانچىلار
باستۇرۇشقا كەلگەن ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنىڭ بىر ئاپتۇۋۇزىنىڭ ئەينەكلىرىنى
چېقىۋەتكەن. 14 ھەربىينى ئۇرۇپ يارىدار قىلغان. ھۆكۈمەت كۈچلىرىمۇ ئۇلاردىن
19 كىشىنى تۇتۇۋالغان. سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئوبلاست، ناھىيە
ھەربىي كۈچلىرىدىن يەنە 200 قوراللىق كۈچ بۇ يەرگە كەلگەن. شۇنداق قىلىپ
سىرتتىن كەلگەن باستۇرۇش كۈچلىرى 500 دىن ئېشىپ كەتكەن. زەيدۇن يۈسۈپنى
تۇتۇشقا بويرۇلغان 5 ئەسكەر ئىسىيانچىلار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان ھەم
ئۇلاردىكى 5 تاپانچا، بىر سۆزلىشىش ئاپپاراتى، بىر توك كالتىكى، بىر كويزا،
بەش كىشىلىك ساقچى كىيىمى تارتىۋېلىنىغان. شۇ كۈنى كەچ سائەت 11 دە بۇ
يېزىغا تەكشۈرۈپ كېلىۋاتقان 4 خەنزۇ ھەربىي ئەمەلدار (شۇشىن جيەن، ۋاڭ جىڭ
پىڭ، گوشوۋىن، ليۇ جەنخۇي) ئىسىيانچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ 4 تاپانچىسى
تارتىۋېلىنىغان. ئارقىدىنلا كاشغەر قوراللىق ساقچى قىسىم 6 - ئوتتۇرا
ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئەلى ياسىن، بەنجاڭ ۋۇيۇڭ، مۇئاۋىن بەنجاڭ تيەن سوڭچىن
ۋە ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ شوپۇرى ئادىل قاتارلىقلارنى ماشىنا بىلەن
تۇتۇۋېلىپ قاتتىق ئۇرغان. پىكاپنى پارتلىتىپ تاشلىغان. 3 ئاپتومات، بىر
تاپانچا، 400 تال ئوقنى تارتىۋېلىپ بەنجاڭ ۋۇيۇڭ بىلەن تيەن سۇڭچىننى
ئۆلتۈرۈۋەتكەن. 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سائەت نۆلدە ئىسىيانچىلار ھۆكۈمەتتىن
ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ۋەكىل ئەۋەتمىگەن ھەم
ئىسيان قىلغان يېزىلىق ھۆكۈمەت ئورگىنىدىن چىكىنمىگەن.
سائەت 3 تىن 59 مىنوت ئۆتكەندە ئىسىيانچىلار ئوبلاست، ناھىيە مىللىي
باشلىقلىرىنى ئۆز ئارىلىرىغا سۆھبەت ئۈچۈن كېلىشكە تەكلىپ قىلغان، ئۇلارنىڭ
مەقسىدى ئۇلارنى ئەسىرگە تۇتۇش بولغىنى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ تەكلىپنى
رەت قىلغان. سائەت 4 تىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە بۇ يەرگە بۇ ھەرىكەتنى
باستۇرۇشقا توپلانغان 4000 دىن ئارتۇق خىللانغان قوراللىق كۈچ
ئىسيانچىلارنى بىراقلا شىددەتلىك باستۇرۇش ھۈجۈمىنى باشلىقان. زەيدۇن يۈسۈپ
سوقۇشتا ئۆلگەن. ئىسىيانچىلار ھەرىكەتتىن تۇختىمىغان. جەڭ جىددىيلەشكەن.
سائەت 6 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە قوراللىق ساقچى قىسىم باش ئەترىتىنىڭ
مۇئاۋىن سەنمۇجاڭى ئەزىز ھېيت قوراللىق ساقچى قىسىم 6 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ
جەڭچىلىرىنى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق چېگرا مۇداپىئە قىسىمى تارماق ئەترىتىنىڭ
بىر بۆلۈم جەڭچىلىرىنى باشلاپ بۇ يەردىكى قوراللىق ھۆكۈمەت كۈچلىرىگە
ياردەمگە كەلگەن. قاتتىق سوقۇشۇپ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە يىقىنلاشقان. جەڭدە
كاشغەر قوراللىق ساقچى قىسىم 2 ـ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن يېتەكچىسى ھاشىمنىڭ
پۇتىغا ئوق تەككەن، يەنە بىر جەڭچى يارىدار بولغان. سائەت 5 تە جەنۇبى
شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىكى كۇماندىر، ئەسكەرلەر، بىڭتۇەننىڭ 3 - شىسىدىكى
كۈچلەرنىڭ تاللانغان كۈچلىرى، كاشغەر، قىزىلسۇدىكى ساقچى، ئەسكەر، خەلق
پىدائىلىرىدىن 15 مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق كۈچ، ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى،
توپچى قىسىم جەڭچىلىرىدىن يەنە 3000 كىشى بىرلىشىپ «بارىنغا ھەربىي يۈرۈش»
قىلغان. سائەت 9 دا قوماندانلىق شىتابى پۈتۈن قىسملارغا ئومۇمى يۈزلۈك
ھۈجۈمغا ئۆتۈش بۇيرىقى چۈشۈرگەن. پۈتۈن ناھىيەگە ھەربىي ھالەت ئېلان
قىلىنغان. يوللار قامال قىلىنىپ خەۋپلىك تەھدىت ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلگەن.
خەلقكە نىسبەتەن جىم تۇرۇش (يۈرۈش ـ تۇرۇشتىن توختاش) رىژىمى چىڭىتىلغان.
پۈتۈن بارىن ئۆي ـ ئۆيلەر بويىچە ھەربىي قورشاۋ ئىچىدە، ئەجەل ھەر بىر
كىشىنىڭ تومشۇقىدا بولۇپ قالغان. قاتتىق قوراللىق باستۇرۇش، باستۇرۇشقا
قارشى تۇرۇش جېڭى باشلانغان. نەتىجىدە نەخ شۇ كۈنىلا تەشكىلات ئەزالىرىدىن
6 سى، خەلقتىن 42 سى ئۆلتۈرۈلگەن. 100 دىن ئارتۇق خەلق يارىدار. 93 كىشى
يېنىك يارىدار قىلىنغان. ئىسىيانچىلارنىڭ بىر قىسىمى قېچىپ كەتكەن. چۈڭ
كۆلەملىك تۇتۇش، ئۇرۇش، باغلاش، ئاختۇرۇش ئەۋجىگە چىققان. 4 - ئاينىڭ 6 -
كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قېچىپ يۈرگەن 30 ئىسىيانچى تۇتۇلغان. 4 - ئاينىڭ 10 كۈنى
ئەتتىگەن سائەت 3 يېرىمغىچە جىددى قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈلۈپ
توپىلاڭچىلاردىن يەنە 59 كىشى سوقۇش ئۈستىدە ئۆلگەن. 7 كىشى ئېغىر يارىدار
ھالدا تۇتۇلغان. ئۈركۈپ يۈرگەن خەلقتىن 200 نەچچىسى تۇتۇۋېلىنغان. دېمەك،
ئىسىيان باستۇرۇلغان. سىياسىي جەھەتتىن بىر ـ بىرلەپ قولغا چۈشۈرۈش خىزمىتى
قانات يايدۇرۇلغان. بۇ ھەقتە ئاپتۇنۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش شۇجىسى سوڭ
خەنلياڭ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قىتىمقى ئەكسىلئىنقىلابىي تۈپىلاڭنى
تىنجىتىشتا باشتىن ـ ئاخىر پارتىيە مەركىزى كومتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزى
ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى، غەمخورلىقى ۋە قوللىشىغا
ئېرىشىپ كەلدۇق. توپىلاڭ يۈز بەرگەندىن كېيىن مەركەزدىكى باش شۇجى جياڭ
زېمىن، زۇڭلى لى فىڭ، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇخۇاچىڭ
قاتارلىق رەھبەرلەر بۇ قوراللىق توپىلاڭنى تىنجىتىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت
بەردى. توپىلاڭنى تىنجىتىش ھالقىلىق پەيىتىدە ۋە توپىلاڭ تىنجىتىلغاندىن
كېيىن ئۇلار ئىشخانىسىدىكى يولداشلار ئارقىلىق ياكى ئۆزلىرى ئاپتونوم
رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە جەنۇبى شىنجاڭ قوماندانلىق شىتابىغا كۆپ
قېتىم تېلېفۇن بېرىپ ئەھۋاللارنى سوراپ بىزدىن مەركەزنىڭ ھەل قىلىپ
بېرىشىگە تېگىشلىك قىينچىلىقلار بارمۇ دەپ سوراپ توردى ھەم توپىلاڭنى
تىنجىتىش خىزمىتىگە ئىنتايىن مۇھىم يوليۇرۇقلارنى بېرىپ تۇردى. بىزگە ھال
سوراش تېلېگىراممىسى ئەۋەتتى... مەركەز يەنە قوراللىق ساقچى قىسىم
زۇڭبوسىنىڭ مۇئاۋىن سىلڭيۈەنى ۋاڭ ۋىنلى بىلەن جامائەت خەۋپىسزلىك
مېنىستىرلىكى 1 - ئىدراىسىنىڭ باشلىقى تەن سۇڭ چۇنى مەركەزنىڭ خىزمەت
گۇرۇپپسىنى باشلاپ كاشغەرگە كېلىپ بۇ خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى.
ئاپتونوم رايون بۇ توپىلاڭنى باستۇرۇشقا جەنۇبى شىنجاڭ قوماندانلىق شىتابى
تەشكىل قىلىپ لى شۇ شەننى ئۇنىڭغا مەسئۇل قىلدى... تۆمۈر داۋامەتنى، جىن
يىڭخۇينى بۇ قوماندانلىق شىتابىنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە كاشغەردە
تۇرغۇزدى. شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى گاۋخۇنچاڭسۇ كاشغەردە
ئارمىيە بويىچە قوماندانلىق قىلدى...»
شۇنداق قىلىپ 1990 - يىل 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن
باشلاپ 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئەتتىگەن سائەت 3 گىچە 7 سوتكا (168 سائەت)
قاتتىق ھەربىي توقۇنۇش بولۇپ، ھۆكۈمەت قوراللىق كۈچلىرىدىن تۆمۈر
داۋامەتنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 90 - يىل 26 - ماي سانىدا ئېلان قىلغان
دوكىلاتىدىن بېلىشىمىزچە 25 كىشى يارىدار قىلىنغان، 8 جەڭچى ئۆلتۈرۈلگەن.
قاچقان توپىلاڭچىلارنى تۇتۇش جەريانىدا ئادىل ئىمىن ئۆلتۈرۈلگەن. 11
تاپانچا، 3 ئاپتومات، 10 نەچچە يۈرۈش ساقچى كىيىمى، توك كالتىكى، سۆزلىشىش
ئاپپاراتتى، نۇرغۇن ئوق بولاپ كېتىلگەن. چوڭ ـ كىچىك 4 ئاپتوموبىل چېقىپ
تاشلانغان....
توپىلاڭچىلاردىن 15 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن.
بۇ
ھەرىكەتتە ھۆكۈمەتكە سادىق ياخشى خىزمەت كۆرسەتكەنلەر ئادەتتىكى ئەسكەر ـ
كادىر، خەلقلەردىن غەنى توختى، يۈسۈپ ئەلى، ئەنۋەر، قۇربان ئەمەت، ئادىل،
كامىل ھەبىبۇللاھ، تۇرسۇن ئابباس، يالقۇن ھاشىم، ئامانگۈل، ئاباخان
سۇلايمان، ھارىز مۇسا ھاجى، يېڭىسار لومپا يېزىسىنىڭ باشلىقى ئابباس...
لارنى ئالاھىدە ئەسلەپ قويۇشقا بولىدۇ. ئابدۇلكەرىم ئىسىيانغا قاتناشقان
ئوغلىنى ئۆز قولى بىلەن تۇتۇپ ئاپىرىپ بەردى. قاچقانلارنى قوغلاپ تۇتۇش
قوماندانلىرىنىڭ بىرى مۇمەممەد ئەلى بىلەن بۇ ئىشتا ئالاھىدە خىزمەت
كۆرسەتكەن ئاقتۇ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابابەكرى
ئوسمانلار يۇقىرىدىن (مەركەزدىن) ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىك مۇكاپاتى
ئالىدۇ. بۇ توپىلاڭنى باستۇرۇشقا كاشغەر، قىزىلسۇ رايونلىرى يويىچە
ئالاھىدە خىزمەت كۆرسىتىپ تەقدىرلەنگەن 120 كىشىنىڭ 57.5 پىرسەنتى مۇسۇلمان
مىللىيلاردىن ئىبارەت بولدى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ پەيىتتە ئۈستى ۋە چۈشتى.
1990
- يىلى 8 ـ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن ئېتىۋارەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تۇتۇۋالغان
«بارىن ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭچىلىرى» دىن تۆت ئورۇندا 4 قېتىم ئوچۇق سوت
يىغىنى ئېچىپ 103 «گۇناھكار» غا جازا ھۆكۈم قىلدى. 90 - يىلى 8 - ئاينىڭ 30
- كۈنى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق سوت مەھكىمىسى چۈشتىن بۇرۇن ھۆكۈم ئېلان قىلىش
يېغىنى ئۆتكۈزۈپ سۇلايمان سۇپى، قوربان مۇھەممەد، غۇپۇر ئەۋەللەرگە ئۆلۈم
جازاسى بەردى. سىياسىي ھوقۇقىدىن ئەبەدىي مەھرۇم قىلدى.
ئەمەت مۇھەممەد، تۇرغۇن خوجا، مەخەت ھەسەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ 2
يىلدىن كېيىن ئىجرا قىلىشنى ئېلان قىلدى. سىياسىي ھوقۇقىدىن مەڭگۈ مەھرۇم
قىلدۇردى. ئىبراھىم ئەمەت، روزى ھاشىم، نۇر سادىر، جامال مۇھەممەد، تۇرغۇن
ساقىلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ سىياسىي ھوقۇقىدىن مەڭگۈ مەھرۇم
قىلدى.
تۇرغۇن مۇھەممەد، سۇلايمان ئىيسا، تۇرغۇن ئابدۇلكەرىملەرگە 20 يىللىقتىن
قاماق جازاسى بېرىپ سىياسىي ھوقۇقىدىن 5 يىل مەھرۇق قىلدى.
توختى ئىسلامغا 19 يىللىق، رەھمەت ئەمەتكە 16 يىللىق، مۇھەممەد روزى، قاسىم
ھەسەنلەرگە 15 يىللىقتىن، مۇھەممەد قۇربانغا 14 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ،
سىياسىي ھوقۇقىدىن 5 يىل مەھرۇم قىلدى.
ئىسمائىل جۈمە، يار مۇھەممەدلەرگە 13 يىللىقتىن، مۇھەممەد ئىمىن ئۆمەرگە 12
يىللىق، مۇھەممەد مۇھەممەدكە 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ سىياسىي
ھوقۇقىدىن 5 يىل، 4 يىل، 3 يىل مەھرۇم قىلدى.
ئەزىز روزى، ئەھەد ئاللاھ بەردىلەرگە 9 يىللىقتىن، مۇسا ئىسلام، ئابدۇرۇسۇل
قاسىم، روزى قاسىملارغا 8 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىپ سىياسىي ھوقۇقىدىن
2 يىل، 3 يىل مەھرۇم قىلدى.
قارى
داۋۇت، بارات يۈسۈپ، ھىسامىددىن زەبىبۇللاھ، ئىگەمبەردى ئاللاھ بەردىلەرگە
7 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن قارى داۋۇتنى 3 يىل
قالغانلىرىنى 2 يىلدىن مەھرۇم قىلدى.
ئابىد قادىر، ياسىن قادىر، سىدىق ھاجىلارغا 6 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىپ
سىياسىي ھوقۇقىدىن 3 يىل، 2 يىلدىن مەھرۇم قىلدى.
ئەھەد ئىمىنگە 5 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ 2 يىل سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم
قىلدى.
تۇرسۇن ئىسمائىلغا 4 يىل، ئەزىز قۇربانغا 3 يىل قاماق جازاسى بېرىپ سىياسىي
ھوقۇقىدىن 2 يىل، بىر يىل مەھرۇم قىلدى.
تۇراخۇن تۇرغۇن، مەخەت قوشماقلارنى جازادىن كەچۈرۈم قىلىپ 3 يىللىق، 2
يىللىق سىياسىي ھوقۇقىنى يوق قىلدى. ھوشۇر ئەلى، ئوبۇل يولداش قاتارلىق 47
كىشىگە قانۇنى جەھەتتىن جازا بەرمىدى.
قىزىلسۇ ئوبلاستلىق تەپتىش مەھكىمىسى 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن
بارىن يېزىسنىڭ بارىن، قوم، سايباغ كەنتىلىرىدىن بىرلا ۋاقىتتا 36
«جىنايەتچى»نى قانۇنى جازادىن كەچۈرۈم قىلدى ھەم ئۇلارنى 102 كىشىدىن
تەركىپ تاپقان 36 «تەربىيە» بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىپ ئۆزگەرتىشىگە
تاپشۇرۇپ بەردى.
بۇ
قېتىمى جازالاش يېغىنى ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسنىڭ
شوجىسى جياڭ جولىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش
تەپتىشى ئابدۇرەھىم قادىر، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن
نازىرى مۇھەممەد يۈسۈپ، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ سىكىرىتارى نيوبىن
شىڭ ئوبلاست باشلىقى سۇلايمان، ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي
كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن سالىھ بەختى، شىدايەت، ئابدۇلئەزىز
ھاشىم، ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى باقۇتمان... ئىشىتراكى
بىلەن ئېچىلغان. (بۇ قېتىمقى جازالاش خەۋىرى يەنى بۇ مەلۇمات «قىزىلسۇ
گېزىتى» مۇخبىرى ئابدۇللاھ جان مۇسا تەرىپىدىن 91 - يىلى 9 - ئاينىڭ 11 -
كۈنى يېزىلغان خەۋىرىدىن سۈزۈۋېلنىدى.)
1990
– 91 - يىللىرى پۈتۈن شىنجاڭدا «بارىن توپىلىڭى»نى ئەيىبلەش بويىچە جامائەت
پىكرى پەيدا قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» 1990 - يىلى 11 - ئىيۇل باش ماقالىسىدا يەنى «ئاممىنىڭ زور
كۆپچىلىكىگە قەتئى ئىشىنەيلى ۋە تايىنايلى» دېگەن ماقالىسىدا «.... جەنۇبى
شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم خەنزۇ يولداشلارغا
بۇ ۋەقەنىڭ بەرگەن تەسىرى تامامەن تۈگەپ كەتكىنى يوق. بەزى كىشىلەردە
(خەنزۇلار كۆزدە تۇتۇلغان ـ ئا) خاتىرجەمسىزلىك پەيدا بولدى. ئىدىيە،
كەيپىيات جەھەتتە ناھايىتى زور داۋالغۇش بولدى. باشقا مىللەتتىن بولغان
يولداشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىمۇ تەسىر يەتتى...» دېيىلگەن. دېمەك،
بارىن ۋەقەسىدىن كېيىن شىنجاڭدا ھۆكۈمەت جىددى ئىشلەيدىغان خىزمەت: پۈتۈن
جەمىئيەتتە بۇ «ئەكسىلئىنقىلابىي» توپىلاڭنى ئەيىبلەش، خەلقنى مىللىي
بۆلگۈنچىلىككە قارشى سەپەرۋەر قىلىش، خەنزۇلارنى شىنجاڭدا خاتىرجەم
تۇرۇشقا ئومۇمى جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش، مەدەت بېرىش، جەمئىيەتنىڭ
«تىنچ» ۋە «مۇقىم»لىقىنى قوغداش ھەم توپىلاڭنى تىنجىتىشقا خىزمەت
كۆرسەتكەنلەردىن پۈتۈن جەمئىيەت ئۆگىنىش... تىن ئىبارەت بولغان ئىدى.
ئىلاۋە: «بارىن ۋەقەسى» توغرىسىدىكى بۇ ئەسلىمە:
1- ج
ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ 1990 - يىلىدىكى باش
سىكىرىتارى سۇڭ خەنلياڭنىڭ 1990 - يىلى 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئاپتونوم
رايونلۇق پارتىيىلىك ئەمەلدارى كادىرلار يىغىنىدا بەرگەن ئۇختۇرۇش
خاراكتېرلىك (مۇھىم مەخپىي) دوكىلاتى.
2 -
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مۇشۇ ھەقتىكى ھەر خىل خەۋەر ـ ماقالىلىرى.
3 ـ
كاشغەر، ئاقتۇ، يىڭىسارلارنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا (90 - يىل 8 -
ئايلاردا) ئۆزەم مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە كىشىلەردىن ئىگەللىگەن خاتىرىلىرىم.
4 ـ
ئاقتۇ ۋە ئاتۇشلاردا قولۇمغا كەلتۈرگەن ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، ئېلان
تىكىستلىرى.
5ـ
بارىندا بولغان كۈنلىرىمدە بەزى يەرلىك دېھقانلاردىن ئاڭلىغانلىرىم، كۆرگەن
ماددى نەرسىلىرىم... ئاساسىدا يېزىلىدى.
خالىس يېزىپ قويغان بۇ ئەسلىمە، مېنڭچە قەلىمىم ئاجىزلىقىم تۈپەيلى،
چولتىراق بولۇپ قالغان بولسا ئەپۇگە سازاۋەر بولغاي. ئامىن! |