|
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى تۈگىدىمۇ؟
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا

بۇ
سوئالغا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ روھى ھالىتىنى تەتقىق قىلمىغان ۋە بۇ
ئىنقىلاپ نەتىجىسىدە ئومۇمىي خەلقنىڭ يۈرىكىگە ئورناشقان ھېسسىياتتىن
خەۋەرسىز ۋە دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ تارىخىنى بىلمىگەن كىشى، "تۈگىدى"- دەپ
جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇ كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قولىدا
قورال يوقلىقىنى ۋە دۈشمەننىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىلا كۆرمەكتە. بۇ
سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەرقانداق ھەرىكەتكە چارىسىز ھالدا
تەقدىرگە بويسۇنۇپ تۇرغانلىقىنى، ئىنقىلاپنىڭ تۈگىگەنلىكى دەپ
ھېسابلىماقتا.
ھازىرقى باسقۇچتا دۈشمەننىڭ يالغان تەشۋىقات ۋە قانلىق تەھدىت بىلەن
خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى زەھەرلىشى، خەلقنىڭ مىللىي قۇدرىتىنى يوقۇتۇش
ئۈچۈن، مىللەتنىڭ ئىجتىمائى ۋە سىياسى ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىشقا ھېچقانداق
ئىمكانىيەت بەرمەيۋاتقانلىقىنى بۇنىڭغا دەلىل قىلىپ كۆرسىتىشمەكتە.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ ئىگىز
تاغلىرى بىلەن ۋە ئەڭ يامان چۆللىرى بىلەن ئورالغانلىقى ۋە ھېچبىر تەرىپى
دېڭىزغا يېقىن ئەمەسلىكى، قۇرۇغلۇقتىمۇ مەدەنىي مەملىكەتلەردىن بەك يىراق
ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ جۇغراپىيىلىك تەلەيسىزلىكى ۋە كۈچلۈك دۈشمەننىڭ
ئاچكۆز ۋە تاماخور ئاغزىغا بەك يېقىن بولغانلىقى يۇقۇرىدىكى كۆز قاراشنى قۇıۋۋەتلەيدۇ.
لېكىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ روھى ھالىتىنى تەتقىق قىلغان، خەلقنىڭ
ئىنقىلاپ دەۋرىدىن بېرى كۈچلىنىپ كېلىۋاتقان مىللەتپەرۋەرلىك ھېسسىياتى،
ھازىر دۈشمەننىڭ قانلىق زۇلۇمى ۋە قانلىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە تېخىمۇ
كۈچەيگەن غەزەپ ۋە نەپرەت ھېسسىياتىنى تارىخ ۋە سىياسەت نۇقتىئىنەزەرىدىن
ئويلىغان كىشىلەر بۇ سوئالغا جىددىلىك بىلەن، "ھەرگىز تۈگىمىدى ۋە ھەرگىز
تۈگىمەيدۇ!"- دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئۇلار بۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىشتە ئىنتايىن
ھەقلىق. چۈنكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى، يىگىرمە يىلدىن بېرى دۇنيادىكى
ئەركىن مىللەتلەرنىڭ ئەزىزلىكىنى، ھەرخىل ھەققە ئىگە ئىكەنلىكىنى، مائارىپ،
تىجارەت، دېھقانچىلىق، سانائەت، ئەسكىرىي ۋە باشقا ئىجتىمائى ئىشلارنىڭ
ھەممىسى ئۇ مىللەتنىڭ پايدىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ
كەلمەكتە.
ئاسارەت ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ
خارلانغان، ھەرقانداق ھەق-ھوقۇقتىن مەھرۇم، ھەرخىل زۇلۇم ۋە قىيىن-قىستاق
ئاستىدا ئېزىلىۋاتقانلىقى، ھەر ئىشتا دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئارقىسىدا
قالغانلىقى، مائارىپ، ئىقتىسات ئىشلىرى ۋە تەبىئى بايلىقنىڭ ھەممىسى
دۈشمەننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ۋە خەلقنىڭ پۈتۈن ئىجتىمائى
مەنپەئەتلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاشكارا
كۆرۈپ يەتمەكتە. شۇنداقلا، دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا ئىززەت-ئابرويغا ئىگە
بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئەقەللى ھەقلىرىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن، بەخت-سائادەت ئىچىدە
ياشاش ئۈچۈن باشقا قانخور زالىملار ئالدىدا ھايۋان پادىلىرىغا ئوخشاش
ياشاشتىن قۇتۇلۇپ، ئىنسانلىق ھەقلىرىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن- ياتلارنىڭ
ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلۇپ، يەرلىك ۋە مىللىي ئىدارىي تەشكىل قۇرۇشتىن باشقا
چارە يوقلۇقىغا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى چىن كۆڭلىدىن ئىمان كەلتۈرمەكتە.
دۈشمەننىڭ قۇدرەتلىك كۈچى، قانلىق زۇلمى، ئالدامچى تەشۋىقاتلىرى،
ئۇيدۇرما نامايىشلىرى بۇ ئىماننى سۇسلاشتۇرالمايدۇ! بەلكى، بۇ ئىشلار
خەلقىمىزنىڭ بۇ ئىمانىنى كۈچلەندۈرۈپ، دۈشمەنگە بولغان ئاداۋەت ۋە نەپرەت
ھېسسىنى ئاشۇرۇشتا ئەڭ مۇھىم ئامىللاردۇر. بۇ سىياسەت ۋە تارىخ سەھنىلىرىدە
ئىسپاتلانغان بىر ھەقىقەتتۇر.
دۈشمەننىڭ زورلۇق- زومبۇلۇق ۋە جاللاتلىق بىلەن خەلقنى قورقۇتۇشى، بىر
قىسىم ۋىجدانسىزلار ۋاستىسى بىلەن قورقۇتۇپ، بېسىم ئىشلىتىشلىرى كۆرۈنۈشتە
خەلقنى بىر مەزگىل قۇۋەتكە بوي ئېگىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. ئەمما، يۇقۇرىقى
مۇقەددەس كۈچلۈك ئىمان ۋە ھەقىقى مەنىۋى قۇۋۋەت ئۆچكەن يانار تاغنىڭ بىر
مەزگىللىك جىمجىتلىقىغا ئوخشاش كۆرۈنۈشتە غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقاندەك
قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئىچ-ئىچىدىن قايناپ، ھارارىتىنى دائىم ئاشۇرماقتا.
بىر يەر تەۋرەش ياكى باشقا بىر كىچىككىنە ھەرىكەت نەتىجىسىدە بىردىن
يالقۇنلىنىپ تېشىپ، ھەرقانداق توسالغۇنى ۋە ھەرقانداق دۈشمەننى كۆيدۈرۈپ
كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتىش قۇدرىتىنى ھەر زامان ئۇلغايتىپ تۇرىدۇ. چۈنكى،
مۇنداق بىر مىللەتنىڭ مەڭگۈ ئەسىرلىكتە قالمايدىغانلىقى ۋە دۈشمەننىڭ
بېشىغا بىر بالا كەلگەن زامان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بىردىن ھەرىكەتلىنىپ،
مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، شەرەپلىك ھاياتقا ئېرىشكەنلىكى،
تەجرىبىلەردىن ئۆتكەن بىر ھەقىقەتتۇر. زۇلۇم سىياسىتىنى ھۆكۈمرانلىقنىڭ
ئاساسى قائىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ھالاك بولۇشى ۋە تارىخ
سەھىپىسىدە بىر ئىبرەت مەنزىرىسى قىلىپ كۆرسىتىدىغانلىقى ئاللاھ تائالانىڭ
ئېنىق بىر ئادىتىدۇر.
دۈشمەننىڭ، زۇلۇم ۋە ئىستىبدات يولى بىلەن خەلقنى ئۆز مىللىتىدىن تاندۇرۇش
ۋە يالغان تەشۋىقاتلار بىلەن ئۇ مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆز پايدىسىغا قۇربان
قىلىش ئۈچۈن قىلغان تەشەببۇسلىرىنىڭ ئەكسى نەتىجە بېرىدىغانلىقى ئىنسانىيەت
تەرىخىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋالدۇر.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ۋەزىيىتىدىن كېلىپ چىققان قىيىنچىلىق،
بۈگۈنكى ۋە بۇرۇنقى پالاكەتلەرنىڭ مۇھىم سەۋەبىدۇر. ئەگەر، بۇ پايدىسىز
ئامىل بولمىغان بولسا، شەرقىي تۈركىستانغا ھېچقانداق بىر چەت دۆلەتنىڭ
تاجاۋۇز قىلىشى مۇمكىن ئەمەستى. غەربىي ئاسىيادىكى تۈرك قېرىنداشلىرىمىزدەك
ھەرقانداق دۈشمەننى ئۆز ۋاقتىدا ئۇزاقلاشتۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى
ۋاقتىدا تولۇقلاپ، دائىم مۇستەقىل ياشىغان بولاتتۇق. لەكىن، بۇ قىيىنچىلىق
يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق ئەمەس.
İمكانىيەت
دائىرىسى ئىچىدە بولغان ھەرقانچە قىيىن ئىشنىڭمۇ ئىنساننىڭ غەيرىتى ۋە
پىداكارلىقى بىلەن يەڭگىلى بولىدىغانلىقى ھەر ئەقىل ئىگىسىگە مەلۇمدۇر.
ئەگەر، ئىنسان غەيرەت ۋە پىداكارلىقنى تاشلاپ، "قازاغا رىزا، بالاغا سەبرى"
دەپ، ئاجىزلىق، ھورۇنلۇق ۋە قورقاقلىق يولىنى تۇتسا، ئۇنداق ئىنسانغا ئاسان
ئىشمۇ قىيىن بولۇپ قالىدۇ، ئەلبەتتە.
ئاتا-بوۋىمىزنىڭ تۈركىستاندا دۇنيانى تىترەتكەن
خانلىقلارنى
قۇرغانلىقى، مۇستەقىللىقلىرىنى ۋە ئىززەتلىرىنى ئەسىرلەرچە ساقلاپ
قالغانلىقلىرى تارىختا پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم. ئۇلارنىڭ زامانىسىدىمۇ ھازىرقى
جۇغراپىيىلىك قىيىنچىلىق بار ئىدى. پەقەت، ئۇلارنىڭ غەيرەت ۋە پىداكارلىقى
ئۇ قىيىنچىلىقنى يەڭدى ئەمەسمۇ؟ دېمەك، بىر مىللەتتە ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە
مىللەتپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ئۇرغۇپلا تۇرىدىكەن ئۇ مىللەتنىڭ مۇقەددەس
مەقسىتىگە توسالغۇ بولىدىغان سىياسىي، جۇغراپىي ۋە باشقا ھەرقانداق
قىيىنچىلىق ھەل بولىدۇ، ھەرقانداق دۈشمەننى يېڭىپ كېتەلەيدۇ.
بۇ
قىيىنچىلىقلار، ئۇنىڭ مەقسەتلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى بىراز كېچىكتۈرسىمۇ،
پۈتۈن خەلق ئۈمىدسىزلەنمەي بىرلىك ۋە پىداكارلىق بىلەن تىرىشىپ،
پۇرسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغانلا بولسا،
كۆزلىگەن مەقسەت- مۇرادىغا چوقۇم يېتەلەيدۇ. بۇلار تارىختا بىلىنگەن
ھادىسىلەردۇر. مانا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بۇ نۇقتىئىنەزەر بىلەن
قارايدىغان شەرقىي تۈركىستان پەرزەنتلىرى يۇرت ئىچىدە ۋە يۇرت تېشىدا خېلى
كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ. بۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ غايەت
پارلاق ۋە سائادەتلىك كېلەچەككە ئېرىسگىدىغانلىقىنىڭ مۇھىم ئامىلى.
بۇلارنىڭ مەيلى يۇرت ئىچىدە بولسۇن ياكى يۇرت تېشىدا بولسۇن مۇمكىن قەدەر
توغرا ھەرىكەتتە بولغانلىرى ئومۇمىي خەلقنىڭ يۇقۇرىقى مۇستەھكەم ئىمانى ۋە
ھېسسىياتى بىلەن بىرلىشىپ، ناھىيىتى كەڭ ۋە پايدىلىق بىر ئىنقىلاپ
ھەرىكىتىنى مەيدانغا كەلتۈرگۈسى!
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى تۈگىمىدى. مۇستەقىللىق
نىئىمىتى قولغا كەلگىچە بۇ ئىنقىلاپنىڭ تۈگىشى مۇمكىن ئەمەس!
ئۇلۇغ ۋە قادىر ئاللاھتىن پالاكەتكە ئۇچرىغان بەندىلىرىگە رەھمەت ۋە
نۇسرەت، دۈشمەنلىرىگە غەزەپ ۋە مەغلۇبىيەت تىلەيمىز. ئامىن!
ھىجرى 1359-يىلى، رەبىئۇل-ئەۋۋەلنىڭ 10-كۈنى، پەيشەنبە
(مىلادى 1940-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى)
كابۇل، ئافغانىستان
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا |