|
شەرقىي تۈركىستان تارىخى — تۆتىنچى باب
شەرقىي تۈركىستاندا تۆتىنچى قېتىملىق ئومۇمىي ئىنقىلاب
بىرىنچى بۆلۈم
شەرقىي تۈركىستاندا تۆتىنچى ئومۇمىي ئىنقىلاب
شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىلادى 1931 – يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە داۋام
قىلىۋاتقان مىللىي ئىنقىلابى، شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى مۇھىم بىر ۋەقە
بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىنقىلاب، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېڭىدىن
ئويغىنىش ۋە سائادەت دەۋرىنىڭ باشلىنىشى بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ
كىتابتا مەزكۇر ئىنقىلاب ۋەقەلىرىنى بايان قىلىش، بۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ
تېخىمۇ ئېشىشىغا ھەسسە قوشىدۇ. لېكىن، بۇ كىتابنى مەن يازغانلىقىم ئۈچۈن،
بۇ ئىنقىلاب ۋەقەلىرىنى يېزىشىمدا تۆۋەندىكى سەۋەبلەر مېنى توستى:
(1)
مەن بۇ ئىنقىلابنىڭ مۇھىم ئەزالىرىدىن بىرى بولۇش شەرىپىگە ئىگە
بولغانلىقىم ئۈچۈن، باشقا بىر تەرەپسىز كىشى تەرىپىدىن يېزىلسا تېخىمۇ
مۇۋاپىق بولاتتى. ئىنقىلاب جەريانىدا ئۆزۈمدىن كەتكەن خاتالىق ۋە
كەمچىلىكلىرىمنى ئىقرار قىلىش، مەسلەكداشلىرىم بولغان باشقا زاتلارنىڭ
خاتالىق ۋە كەمچىلىكلىرىنى يوشۇرماي يېزىش تارىخچىلىق ۋەزىپىسىنىڭ ئەڭ
مۇھىم شەرتى. بۇ ئىشنىڭ ماڭا ئاسان بولمايدىغانلىقى تەبىئىي. چۈنكى، ئۆز
خاتالىقلىرىمنى تەكرار سۆزلەش، ۋىجدان ئازابىمنى ئاشۇرىدۇ،
مەسلەكداشلىرىمنىڭ خاتالىقىنى يازسام ئۇلار مەندىن ئاغرىنىپ قالىدۇ.
(2)
مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋەقەلەرنى شەك – شۈبھىسىز بىلىمەن. ئەمما،
كۆرمىگەن ۋەقەلەرنى بىر قانچە قېتىم ئاڭلىغان خەۋەر ۋە ماتېرىياللارغا
قاراپ يېزىشىم كېرەك. بۇنىڭدا كەملىك ياكى زىيادىلىك ھەتتا خاتالىق
بولىشىمۇ مۇمكىن.
(3)
ئىنقىلاب جەريانىدىكى كۈرەشلىرىمىزدە خەلقىمىزنىڭ بۇ يولدا تۆكۈلگەن
قانلىرىنىڭ، كۈتكەن ياخشى ئاقىۋەت ۋە سائادەت بىلەن نەتىجىلەنمەي، ئەكسىچە
بۈگۈنكىدەك پالاكەتكە مۇپتىلا بولۇپ قالغانلىقى كۆز ئالدىمدا تۇرغانلىقتىن
قولۇم تىترەيدۇ.
(4)
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى تۈگىدى دېگىلى بولمايدۇ. ئۇ ھازىر بىر
قاراڭغۇلۇق دەۋردە تۇرماقتا. ئاقىۋەتتە يورۇقلۇققا چىقىدۇ دەپ ئۈمىد
قىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنقىلابىمىز نەتىجىلىك ئاياغلاشقاندىن كېيىن، پۈتۈن
بۇ ۋەقەلەرنى باشتىن – ئاياق ئالاھىدە بىر كىتاب قىلىپ يېزىپ چىقىشنى
خالايتتىم.
مانا
مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىتابىمنى جىن شۇرېننىڭ ھۆكۈمەت دەۋرىدىكى
ۋەقەلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغانىدىم. لېكىن، بۇ كىتابىم تاماملانغاندىن
كېيىن، ھىندىستاندىكى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك جەمئىيىتى»نىڭ
ئەزالىرى خەت يېزىپ، مەزكۇر ئىنقىلاب ۋەقەلىرىنىمۇ بۇ كىتابقا يېزىشىمنى
تەلەپ قىلدى. مېنىڭ يۇقىرىدا كۆرسەتكەن يازماسلىق ھەققىدىكى سەۋەبلىرىمگە
قارىتا تۆۋەندىكىچە ماقۇل كېلىدىغان پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى:
(ئا) سەككىز يىلدىن بېرى بۇ ئىنقىلاب ۋەقەلىرىنى ھېچكىم يازمىدى ۋە
بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇلارنى بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ يازىدىغان كىشى يوق.
سىزدەك بىلىپ، يازىدىغان كىشىمۇ يوق. ئەگەر، سىز يازمىسىڭىز بۇ مۇھىم
تارىخىي ۋەقەلەر ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.
(ب) بىر تارىخچىنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغا ھېچقانداق بىر سەۋەب
توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.
(ك) ئىنقىلاب تۈگىمىدى. لېكىن، بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلىرىمىز ناھايىتى
ئىبرەتلىك ۋەقەلەر بولۇپ، كەلگۈسىمىز ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىق تەجرىبە
دەسمايىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەزكۇر ۋەقەلەرنى شەرقىي
تۈركىستاننىڭ يېگانە تارىخى بولغان بۇ كىتابىڭىزغا يېزىش سىزنىڭ
بۇرچىڭىزدۇر.
ئەزىز ۋەتەنداشلىرىمنىڭ يازغان خېتى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان دەلىللىرى توغرا
ۋە مەن بۇنىڭغا « ياق » دېيەلمەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈم مۇمكىن قەدەر
بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ، كۆرگەن ۋەقەلەرنى، ئاڭلىغان ياكى ۋەسىقىلەردە (
گېزىت – ژۇرنال) كۆرگەن خەۋەر ۋە مەلۇماتلارنىڭ ئۆز نەزىرىمدە توغرا ۋە
راستلىقى ئىسپاتلانغانلىرىنى خۇلاسە قىلىپ يېزىپ چىقىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ئىنقىلاب مەزگىلىدە مەسلەكداشلىرىمنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن قىلغان خىزمەت
ۋە پىداكارلىقلىرىنى تولۇق ۋە سەمىمىيەت بىلەن ي ئېزىشقا تىرىشىمەن.
ئۆزۈمدىن ۋە مەسلەكداشلىرىمدىن ئۆتكەن خاتالىق ۋە كەمچىلىكلەرنى ھەقىقىي
رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويىمەن. چۈنكى، بۇنداق قىلمىسام تارىخنىڭ ئەسلى مەقسىتى
بولغان ئىبرەت غايىسى يوقىلىدۇ ۋە تارىخچىلىق ئالدىنقى شەرتىنى ئادا
قىلمىغان بولىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۆھتەرەم مەسلەكداشلىرىمنىڭ مەندىن
رەنجىمەسلىكلىرىنى ۋە مېنى ئەپۇ قىلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە، مەندىن
باشقا مۇجاھىدلارنىڭ ۋەقەلىرىنى كۆزۈم بىلەن كۆرمەي، ئاڭلىغان خەۋەر ۋە
ۋەسىقىلەرگە ئاساسلىنىپ يازغانلىقىم ئۈچۈن بەزى يەرلەردە ئاز – كۆپ
خاتالىقلار بولىشى ۋە ۋەقەلىك تەپسىلىي يېزىلماي قالغان بولۇشى مۇمكىن.
بەزى مۇجاھىدلاردىن، دوستلىرىمنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆز ۋەقەلىرىنى تولۇق
يېزىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلغان ئىدىم. ئەپسۇسكى، بۇنىڭغا ۋاقىتلىرى
يەتمىدى. بۇ سەۋەبلەر بىلەن مەجبۇرەن ئالدىمغا كېلىپ قالغان بۇ
يېتەرسىزلىكلىرىم ئۈچۈن، مۆھتەرەم مەسلەكداشلىرىمدىن ئەپۇ سورايمەن. خاتا
جايلىرى بولسا ماڭا مەلۇم قىلىپ، توغرىسىنى بىلدۈرۈشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىنشائاللاھ ئىككىنچى نەشرىدە بۇ كەمچىلىكلەر تولۇقلىنىپ كېتەر.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ( ئىمزا)
مىلادى 1940 – يىلى 4 – ئاينىڭ 17 – كۈنى
ئىنقىلابنىڭ سەۋەبلىرى
ئىنقىلاب سەۋەبىنىڭ ئىستىلا ئىكەنلىكىنى ھەر كىم بىلىدۇ ۋە قوبۇل قىلىدۇ.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېيىنكى ئومۇمىي ئىنقىلابىدا بۇلاردىن باشقا، يەنە بىر
قىسىم قوشۇمچە سەۋەبلىرىمۇ بار ئىدى. ئاساسەن تاجاۋۇزچىلىقتىن كېلىپ چىققان
بۇ سەۋەبلەرنى تەپسىلىيرەك سۆزلەپ ئۆتۈشنىڭ پايدىسى بار دەپ قارايمەن. بۇ
سەۋەبلەرنى شۇ ئىككى قىسىمغا ئايرىپ تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ. بىرىنچىسى، بىر
قاراش بىلەن كۆزگە چېلىقىدىغان سەۋەب. ئىككىنچىسى، چوڭقۇرراق تەھلىل قىلىپ
كۆرگىنىمىزدە مەلۇم بولىدىغان سەۋەب.
بىرىنچى سەۋەب: جىن شۇرېننىڭ زالىملىقى ئىدى. جىن شۇرېن، مۇتەئەسسىپ تۈرك
دۈشمىنى، لاياقەتسىز ۋە باشقۇرۇش قابىلىيىتى يوق بىر ئادەم ئىدى. شۇنىڭ
ئۈچۈن، بۇرۇن بەلگىلەنگەن تۈركلەر ۋە چىنلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى بەزى
ئىجتىمائىي قانۇنلاردىكى باراۋەرلىك ئاستا – ئاستا يوقالدى. دوتەي، ئامبان
ۋە ھەتتا تىجارەتچى ۋە جازانىخور چىنلىقلار تۈركلەرگە قولىدىن كېلىشىچە
زۇلۇم سالغىلى تۇردى. خەلقنىڭ شىكايەت ۋە ئەرزداتلىرىغا جىن شۇرېن ھېچ
قۇلاق سالمىدى. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، چىن مەركىزىي ھۆكۈمىتى
تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلگەن چىنلىق ياشلار شەرقىي
تۈركىستاننىڭ مەۋجۇدىيىتىنى يوقىتىدىغان پىلاننى، يەنى بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ
ئۆتكەن سۇنجۇڭسەننىڭ پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەر ئىدى. بۇلاردىن
بەزىلىرى كوممۇنىستلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرىنى
رۇسلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ بېرىش پائالىيەتلىرىدە بولغانلىقلىرى مەلۇم
بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان
ئۈچۈن خەتەرلىك ئۇنسۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدى.
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۇرمۇش ۋە روھىي ھالىتىنى تەتقىق قىلمىغان
كىشىلەر، ئىنقىلابنىڭ سەۋەبىنى يالغۇز بۇ ھەقسىزلىق ۋە زۇلۇملار دەپ
قارايدۇ.
ئىككىنچى سەۋەب: ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇرراق تەتقىق قىلغاندا، 56 يىللىق
ئاسارەت دەۋرىدە خەلق چىن تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇپ كەلدى. چىنلىقلارغا ۋە
چىن ئەمەلدارلىرىغا نەپرەت كۆزى بىلەن قارىدى. ئۇلارنىڭ خورلاشلىرىدىن
قۇتۇلۇشنى تىلىدى. لېكىن، تۆۋەندىكى سەۋەبلەردىن بۇ ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە
ئېشىشى مۇمكىن بولمىغانىدى:
1. ئالدىنقى ئىنقىلابلاردا تۆكۈلگەن قانلار ۋە ياقۇپ بەگنىڭ
دەھشەتلىك زۇلۇمىدەك پالاكەتنىڭ تەكرار يۈز بېرىپ قېلىشىدىن قورقۇش خەلق
ئىچىدە ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇد ئىدى.
2. چىن تەرەپتارى بەگلەر ۋە شەخسى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن تىنچلىقنى
تەشەببۇس قىلىدىغان قالاقلارنىڭ جەمئىيەتتىكى نوپۇزى خېلى كۈچلۈك ئىدى.
3. پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى خەلق ئارىسىدا مۇستەھكەم بىر سىياسىي
ئالاقە ئورنىتىشنىڭ ئىمكانى يوق ئىدى.
4. چىن ھۆكۈمىتى داۋاملىق قوراللىق ھەيۋە كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ يۈرىكىنى
مۇجۇپ قورقۇتۇپ تۇراتتى. خەلق قورالسىز ئىدى. مانا بۇ سەۋەبلەر شەرقىي
تۈركىستان خەلقىنى چىن ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر قىلاتتى.
لېكىن، كېيىنچە، بولۇپمۇ چىندە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي
تۈركىستاندىكى جاڭجۇڭ ۋە چىن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ يەرنى ئېغىزدا
مەركەزگە تەۋە دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە چىن ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇزىدىن تاشقىرى
مۇستەقىل بىر ئىدارىي تەشكىلگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى ئاستا – ئاستا
خەلققە مەلۇم بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق، يۇرتنىڭ پەقەت بۇ كىشىلەرنىڭ
قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى چۈشەندى. خەلق ئۆزلىرىنىڭ ئۇ «ھەيۋەتلىك» چىن
دۆلىتى ھاكىمىيىتىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئاز سانلىق بىر ئۇچۇم چىنلىق كۆچمەنگە
مەھكۇم بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەنسېرى قاتتىق ۋىجدان ئازابى ۋە
خىجالەتچىلىك ئىچىدە قالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاچكۆز مۇستەبىتلەرنى
باشلىرىدىن چۆرۈپ تاشلاشنىڭ مۇۋاپىق يولىنى ئويلاشقا باشلىدى.
ئەپسۇسكى، يەنە ئىتتىپاقسىزلىق، يۇرتتىكى نوپۇزلۇق « كاتتا »لارنىڭ
غەپلەتتە قېلىشى، كونىلىققا ئېسلىۋېلىشى ۋە ئۇنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئاۋام
خەلقنىڭ تەجرىبىسىزلىكى بۇ ئىشنى كېچىكتۈرمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقىي
تۈركىستاندىكى جاڭجۇڭ ۋە چىنلىق ئەمەلدارلار بۇ ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بولۇپ،
بىر قىسىم مەنپەئەتپەرەست «يۇرت كاتتىلىرى»نى يوقىلاڭ بەزى ئىشلار بىلەن
خوش قىلىپ، ئۆزىگە تارتىپ تۇرغان. شۇڭا، تاجاۋۇزچى ھۆكۈمرانلار بۇ
ئىنساپسىز ئىشغالىيىتىنى قىيامەتكىچە داۋام قىلدۇرۇش خام خىيالىنى قىلماقتا
ئىدى. لېكىن، ۋەزىيەتنىڭ كۈندىن – كۈنگە خەتەرلىك بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى
ئويلاۋاتقانلارنىڭ سانى يوشۇرۇنچە كۆپىيىۋاتاتتى. بۇلارنىڭ تولىراقى، بىر
ئۇچۇم چىنلىق ئەمەلدارلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، شەرقىي
تۈركىستاننىڭ سىياسىي مەسىلىسىنى، توغرىدىن – توغرا خەلقى ۋە چىن
جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ھەل قىلىش لازىم دېگەن كۆز قاراشتا بىرگە
كەلگەن ئىدى. ئەمما، بۇ كۆز قاراشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ
زىيالىيلارنىڭ بىر تەشكىلات ئىچىدە بىرلىشىشى كېرەك ئىدى. بۇنداق بىر
تەشكىلاتنى قۇرۇش ئۈچۈن، خەلق ئىچىدە تەجرىبىلىك سىياسەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا
چىقىشى لازىم ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇ ۋاقىتلاردا رەھبەرلىك قابىلىيىتىگە ئىگە
كىشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، خەلق
بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلەنمىدى ۋە مەزكۇر كۆز قاراشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن،
يوشۇرۇن ھالدا تۆۋەندىكى پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.
1. شەرقىي تۈركىستاندىكى چىنلىقلارنىڭ قانچىلىك بىر كۈچكە ئىگە
ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش.
2. قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئىنقىلابىمىزنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، شەرقىي
تۈركىستانغا ئەسكىرىي مۇداخىلە قىلىش ياكى قىلماسلىقىنى ئېنىقلاش.
3. خەلقنىڭ روھىي ھالىتىنى تەتقىق قىلىپ، ئىنقىلابقا نىسبەتەن
تەييارلىقىنى كۆزىتىش ۋە ئىنقىلابىي كۈرەشتە ۋەزىپە ئالىدىغان قابىلىيەتلىك
ۋە جەسۇر كىشىلەرنى تېپىپ چىقىش.
4. ھەرقايسى جايلاردا ئىنقىلابىي تەشكىلات قۇرۇپ چىقىش
ئىمكانىيەتلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئىنقىلاب مەركىزىنىڭ قايسى جايدا بولۇشى
مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى بەلگىلەش.
يۇقىرىقى پائالىيەتلەرنىڭ بەزىلىرىگە ھەتتا ھەممىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ،
ھەقىقىي ھالدا پائالىيەتكە كىرىشكەن كىشىلەردىن بىر قانچىسىنى بىلىمەن.
ئەمما، بۇ كىتابتا ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى زىكىر قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم.
خەلق بۇ پائالىيەتلەر نەتىجىسىدە بىر تەشكىلات قۇرۇپ چىقىش باسقۇچىدا
تۇرۇۋاتقان چاغدا ئىنقىلاب قوزغالدى. يەنى، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان
شەكىلدە بىر تەشكىلات مەيدانغا چىقىشتىن بۇرۇن ئىنقىلاب باشلاندى ۋە
ئىنتىزام بېكىتىلمەي تىزلا كېڭەيدى. قىسقا بىر زامان ئىچىدە ئومۇملىشىپ،
ئەھلى بولمىغان كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. ئۇزۇندىن بېرى كۆڭۈلگە
يەرلەشكەن بۇ ئىنقىلابقا ئومۇمىي خەلق دەرھال قېتىلدى. ئۇ كۈنگىچە،
تاجاۋۇزچىلارنىڭ داۋاملىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيلەرچە قىرغىنچىلىقى ۋە
زۇلۇملىرىغا قارىماي، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈمىد بىلەن ئازادلىق ئۈچۈن
پىداكارلىق كۆرسەتتى. بۇلار توغرا كۆز قاراش، مۇستەھكەم ئىرادە ۋە ۋەتەن
مىللەت سۆيگۈسىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
1 –
پەسىل
قۇمۇل ئىنقىلابى
شەرقىي تۈركىستاندا مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇم ۋە ئىستىبدات بىلەن 17 يىل
ھۆكۈم سۈرگەن ياڭ زىڭشىن، 1928 – يىلى فەن ياۋنەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن
كېيىن، جىن شۇرىن ئىش بېشىغا چىقتى. جىن شۇرىنمۇ ياڭغا ئوخشاش جاھىللىق
بىلەن مۇستەبىتلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. قۇمۇل ئىنقىلابى زۇلۇم ۋە
ھەقسىزلىققا قارشى كۆتۈرۈلگەن ئىنقىلاب بولۇپ، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن
بىرىنچى خىل سەۋەبلەرگە مۇۋاپىق مىللىي ئىنقىلاب شەكلىنى ئالغان.
قۇمۇل يۇرتىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدا، تەڭرى تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىگە
جايلاشقان بىر ۋىلايەت. ئاراتۈرك، ئازغان بۇلاق، بارىكۆل، تاراتۇ،
تاشبالىق، تۇزكۆل، خوتۇنتام، قوراي، شوپۇل، نوم، نېرىنكىر ۋە قۇمۇل شەھىرى
بولۇپ 12 جىلغىدىن ئىبارەت. مانجۇ دەۋرىنىڭ باشلانغۇچىدىن تارتىپ، جىن
شۇرىن زامانىسىغىچە «ۋاڭ»لار ۋاسىتىسى بىلەن ئىدارە قىلىنىپ كېلىنگەن قۇمۇل
خەلقى زۇلۇم ۋە ئېغىر ئالۋان – سېلىققا ۋە خورلىنىشقا قارشى مىلادى 1911 –
يىلى تۆمۈر خەلپەت رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ چىققان. تاجاۋۇزچىلار بۇ
قوزغىلاڭنى ھىيلە – مىكىر ئىشلىتىپ قانلىق باستۇرغان. 1928 – يىلى ۋاڭلىق
ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە قۇمۇل ئۈچ ناھىيىگە بۆلۈنۈپ چىنلىقلاردىن ھاكىم
تەيىنلىنىپ بىۋاسىتە ئىدارە قىلىندى. جىن شۇرىن شۇ يىلى گەنسۇدىكى يەر
تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆي – ماكانسىز قالغان نۇرغۇن چىنلىقنى قۇمۇلغا كۆچۈرۈپ
كەلدى. ئۇلارنى يەرلىك خەلقتىن تارتىۋالغان ئۆي – جايلارغا يەرلەشتۈردى.
قۇمۇل خەلقىگە ئۈستىلەپ ئالۋان سېلىپ، چىنلىقلارنى باقتى. چىنلىق
ھاكىملارنىڭ خەلققە سالغان زۇلۇمى ھەددىن ئاشتى. ھەتتا، ئىپپەت – نومۇسىغا
تاجاۋۇز قىلىشتىن تارتىنمىدى. بۇنىڭغا ئوخشاش زۇلۇم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە
ۋەقەلىرى ئىنقىلاب قوزغاشنىڭ شارائىتىنى ھازىرلىدى. ھىجرى 1350 – يىلى (
مىلادى 1931 – يىلى 5 – ئاينىڭ 19 – كۈنى) شوپۇل جىلغىسىنىڭ بېگى سالى
دورغا، يېنىغا 40 – 50 قوراللىق ئادەم توپلاپ، بىر كېچىدە تۇيۇقسىز باسقۇن
قىلىپ، يامۇلغا ھۇجۇم قىلدى. ھاكىم ۋە بىر قانچە چىنلىق ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ
بەزىلىرىنى ئەسىر ئالدى. ئۇلارنىڭ مىلتىق ۋە ئوق – دورىلىرىنى ئولجا ئالدى.
بۇنى ئاڭلىغان خەلق تەرەپ – تەرەپتىن كېلىپ سالى دورغىغا قېتىلدى.
نەتىجىدە، سالى دورغا خېلى كۆپ كۈچ توپلىدى. بۇ قوزغىلاڭ مىللىي ئىنقىلابقا
ئايلاندى. ( 23 – خەرىتىگە قاراڭ) جىن شۇرىن بۇ ئىنقىلابنى باستۇرۇش ئۈچۈن
قۇمۇل تاغلىرىغا ئەسكەر يوللىدى. قۇمۇل تاغلىرىنىڭ تەبىئىي شارائىتى
ئىنقىلابچىلار ئۈچۈن تەبىئىي بىر ئىستىھكام ئىدى. ئىنقىلابچىلار ئىچىدىكى
مەرگەن ئوۋچىلار يىراقتىن نىشانلاپ ئېتىپ، جىن شۇرىن ئەسكەرلىرىگە ئېغىر
زەربە بەردى. چىن ئەسكەرلىرىنىڭ تولىسى ئۆلۈپ، قالغانلىرى پاراكەندە بولۇپ
قۇمۇلغا قاچتى. ئىنقىلابچىلار بۇ غالىبىيەت بىلەن جاسارەتلىنىپ، قۇمۇلنىڭ
پۈتۈن جىلغىلىرىنى ۋە قۇمۇل شەھەر ئەتراپىنى قولىغا ئالدى. جىن شۇرىن، بۇ
خەۋەر تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرىغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن بۇ ئىنقىلابنى
باستۇرۇش ئۈچۈن زور قوشۇن يوللىدى. بۇ قوشۇن، ھەم قۇمۇل ئىنقىلابچىلىرىغا
ھەم بارىكۆل تەرەپتىكى ئىنقىلابچىلارنىڭ ئۈستىگە بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم
باشلىدى. بۇ ھۇجۇم نەتىجىسىدە، سالى دورغا بىر قىسىم ئادەملىرى بىلەن
چېكىندى. سالى دورغىغا كېيىنچە كېلىپ قوشۇلغان يەنە بىر جىلغىنىڭ بېگى
خوجىنىياز ھاجى، دۈشمەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىسە، خەلقنىڭ قىرغىنچىلىققا
ئۇچرايدىغانلىقىنى سەزدى ۋە غەيرەت قىلىپ، دەرھال پۈتۈن ئوۋچىلارنى توپلاپ
قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن دۈشمەننى چېكىندۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن، دۈشمەنگە
يوشۇرنۇپ تۇرۇپ زەربە بېرىش، ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىشتەك پارتىزانلىق تاكتىكا
بىلەن چىن ئەسكەرلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ قاچۇردى. شۇنىڭ بىلەن خوجىنىياز
ھاجى، قۇمۇل تاغلىرىنىڭ پۈتۈن جىلغا ئېغىزلىرىنى توسۇپ، مەرگەن ئوۋچىلارنى
يەرلەشتۈرۈپ مۇستەھكەم مۇداپىئە بازىسىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۆزى بۇ تاغلىق
رايوننىڭ سىرتىغا چىقمىدى. ئىنقىلاب رەھبەرلىكى خوجىنىياز ھاجىنىڭ قولىغا
ئۆتۈپ، ئىنقىلابنى ياخشى بىر شەكىلدە ئىدارە قىلدى. جىن شۇرىن كۈچىنىڭ
يېتىشىچە ئەسكەر چىقىرىپ، داۋاملىق تاغدىكى ئىنقىلابچىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ
تۇردى. لېكىن، ھەر قېتىمدا چىن ئەسكەرلىرى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.
قۇمۇلنىڭ تۈزلەڭ جايلىرى جىن شۇرىن قولىدا بولۇپ، بۇ يەرلەردە تەخمىنەن
20000 ئەسكىرى بار ئىدى. قۇمۇلنىڭ ئەڭ مۇنبەت قىسمى بولغان تاغلىق رايوننىڭ
ھەممىسى خوجىنىياز ھاجىمغا تەۋە بولدى. بۇ ۋەزىيەت ئون ئاي داۋام قىلدى.
بۇ
جەرياندا، سۇجۇ ۋە دۇڭخۇئاڭنىڭ ھۆكۈمدارى ما جۇڭيىڭ (گا سىلىڭ) نىڭ قول
ئاستىدىكى بەزى تۇڭگانلار، خوجىنىياز ھاجىمنىڭ قېشىغا كېلىپ خىزمەت قىلىشقا
باشلىدى. خوجىنىياز ھاجى بىلەن ما جۇڭيىڭ ئۆز ئارا خەت – ئالاقە قىلىشىپ،
دوستلۇق مۇناسىۋىتىمۇ ئورناتقان ئىدى. ما جۇڭيىڭ، بۇ ۋەزىيەتتىن
پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندىن بىر مىقدار ئولجا ۋە قورال – ياراق قولغا
كەلتۈرۈش نىيىتى بىلەن تۆت مىڭغا يېقىن ئەسكىرىنى ئېلىپ قۇمۇلغا كەلدى.
خوجىنىياز ھاجى بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى ما جۇڭيىڭنىڭ ياردىمىگە ئەۋەتكەن
بولسىمۇ، ئۆزى ئۇنىڭغا قوشۇلماي ئىستىھكاملىرىدىن چىقماي تۇردى. خوجىنىياز
ھاجىنىڭ تۇتقان بۇ يولى ناھايىتى پايدىلىق بىر يول ئىدى. چۈنكى،
تۇڭگانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا چىقىشتىكى مەقسىتى خوجىنىياز ھاجىمغا
ياردەم بېرىش ئۈچۈن بولماستىن، ئەكسىچە ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن جىن شۇرىن
بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرۇپ، بىر قىسىم قورال – ياراق ئولجا ئېلىۋېلىش ۋە يۇرتنىڭ
بەزى جايلىرىدا بۇلاڭ – تالاڭ قىلىپ، باي بولۇۋېلىپ قايتىپ كېتىشتىن
ئىبارەت ئىدى. ما جۇڭيىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كېلىۋېتىپ، يولدا مەشھۇر
ساياھەتچى شۋېتسارىيىلىك سىۋىن ھىدىن ۋە ھەمراھلىرىنى شۇ چاغدا بۇلىغان
ئىدى.
ما
جۇڭيىڭ، خوجىنىياز ھاجى ۋە قۇمۇلدىكى تۇڭگانلارنىڭ ياردىمى بىلەن جىن
شۇرىننىڭ قۇمۇلدىكى ئەسكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، سېپىل ئىچىدە مۇھاسىرىگە
ئالدى. قۇمۇلنىڭ 114 مىل غەربىگىچە ئىلگىرىلەپ كىرىپ، بۇ جايلاردىكى خەلقنى
بۇلاڭ – تالاڭ قىلدى. جىن شۇرىننىڭ ئەسكەرلىرىدىن ئولجا ئالغان قوراللارنى
ۋە خەلقتىن بۇلىغان ماللارنى 4 – 5 يۈز تۆگىگە ئارتىپ سۇجۇغا قايتتى. ما
جۇڭيىڭ بۇ غەنىمەتلەردىن خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئەسكەرلىرىگە ھېچنەرسە بەرمىدى.
ما جۇڭيىڭنىڭ بۇلاڭچىلىقى، بىگۇناھ خەلقنى بۇلاپ – تالاپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە
ئوخشاش قىلمىشلىرىدىن غەزەپلەنگەن خوجىنىياز ھاجى ئۇنىڭ بىلەن بولغان
دوستلۇقنى ئۈزدى ۋە ئىككىنچى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلماسلىققا قارار قىلىپ،
تاغلىق رايوننى ئوبدان مۇداپىئە قىلىپ، كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشتى. جىن
شۇرىن، ما جۇڭيىڭنىڭ قايتىپ كېتىشىنى خوجىنىياز ھاجىنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن
پۇرسەت دەپ بىلىپ، شېڭ ئىسىملىك بىر ئەمەلدارنىڭ باشچىلىقىدا قۇمۇلغا
نۇرغۇن ئەسكەر يوللىدى. شېڭ بىر قانچە قېتىملىق ئۇرۇشلاردىن كېيىن،
خوجىنىياز ھاجىنىڭ مەركىزى بولغان جىلغىغا بارىكۆل تەرىپىدىن كىرىشكە
مۇۋەپپەق بولدى.
نەتىجىدە، خوجىنىياز ھاجى مەغلۇپ بولۇپ مەركىزى بازىسىنى تاشلاپ، پۈتۈن
كۈچىنى ئېلىپ شەرقتىكى قارلىق تاغلارغا چېكىندى. شېڭ، قۇمۇلنىڭ كۆپ قىسمىنى
ئىشغال قىلدى. قىشتا خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئەسكەرلىرى ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ،
شېڭنى كۆپ چىقىمغا ئۇچراتتى، ئوزۇق – تۈلۈك ۋە باشقا لازىماتلىكلىرىنى
ئولجا ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن شېڭ قۇمۇلنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىن چېكىنىپ
چىقىتى ۋە خوجىنىياز ھاجى ئۆز جايىغا قايتىپ كەلدى. ھىجرى 1350 – يىلى
رامىزان ئېيىدا ( 1931 – يىلى 12 – ئايدا )، بارىكۆل تاغلىرىدىكى
قازاقلارمۇ بارىمۇللا ئىسىملىك بېگىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىنقىلاب قوزغاب،
پۈتۈن بارىكۆلنى قولىغا چۈشۈردى. ئەتراپتىكى چىنلىقلارنى يوقىتىپ، ئۆي –
ۋاقىلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ماللىرىنى ئولجا ئالدى. جىن شۇرىن بارىكۆلگە زور بىر
قوشۇن يوللاپ، بارىمۇللىنى مەغلۇپ قىلدى. بارىكۆلدىكى چىنلىقلارنىڭ
زىيىنىنى جىن شۇرىن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن زورلۇق بىلەن پۇل
يېغىپ تۆلەتتى. كېيىنچە، جىن شۇرىن بىر ھىيلە ئىشلىتىپ بارىمۇللىنى
تۇتۇۋالغان بولسىمۇ، قازاقلار تاغدا ئۆز مۇستەقىللىقلىرىنى ساقلاپ قالدى.
شېڭ
قۇمۇل تاغلىرىدىن مەغلۇپ بولۇپ قېچىپ كەلگەندىن كېيىن، جىن شۇرىن خوجىنىياز
ھاجىمغا يەنە ھۇجۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئەمما، قۇمۇل شەھىرى ئىچىدە
ۋە بارىكۆلدە نۇرغۇن ئەسكەر تۇرغۇزۇپ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى. خوجىنىياز
ھاجىنىڭ ئەسكەرلىرى پات – پات چىقىپ، جىن شۇرىن ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ،
قورال – ياراق ۋە ئوزۇق – تۈلۈك ئولجا ئېلىپ تۇردى. 1932 – يىلىدىن باشلاپ،
خوجىنىياز ھاجىنىڭ ھەربىي ۋەزىيىتى كۈچلىنىپ، پۈتۈن قۇمۇل ۋىلايىتى ئۇنىڭ
نوپۇزى ئاستىغا كىردى. شۇنىڭ بىلەن جىن شۇرىننى قاتتىق قورقۇ باستى. يەنە
بىر تەرەپتىن، خوجىنىياز ھاجىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت خەۋىرى مۇبالىغىلىرى بىلەن
پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانغا يېيىلدى ۋە پۈتۈن خەلقنىڭ كۆزى ئۈمىد بىلەن قۇمۇل
تەرەپكە تىكىلدى.
جىن
شۇرىن بۇ ۋەزىيەتكە چارە ئىزدەپ، ئاخىرى رۇسلار بىلەن بىر مەخپىي كېلىشىم
ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىدىن تولۇق ۋاقىپ بولمىساقمۇ، جىن شۇرىن
سوۋېتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئىنقىلابنى باستۇرۇپ بولۇپ، بۇنىڭ بەدىلىگە
سوۋېتلەرگە شەرقىي تۈركىستاندا كەڭرى بىر ئىقتىسادىي ئىمتىياز بېرىشكە ۋەدە
قىلغان، دەپ ئېيتالايمىز. چۈنكى، بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن سوۋېتلار جىن
شۇرىنغا كېرەكلىك قورال – ياراق ۋە باشقا ھەربىي لازىماتلاردىن سىرت يەنە
ئايروپىلانمۇ بەرمەكچى ھەتتا لازىم بولسا ئەسكەر بېرىشكىمۇ ۋەدە قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن سوۋېتلار جىن شۇرىنغا يەتتە ئايروپىلان ( ئۇچقۇچىلىرى بىلەن )،
قورال – ياراق ۋە ئوق – دورا ئەۋەتتى.
جىن
شۇرىن بۇ ئايروپىلانلارنى خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتكەن بولسىمۇ
تاغلىق رايونلاردا ئايروپىلاننىڭ رولى بولمىدى. بۇ ۋەزىيەت، خوجىنىياز
ھاجىنىڭ تۇرپانغا يۈرۈش قىلىشىغىچە داۋام قىلدى.
ئىمىن ۋاھىدى ئۆزىنىڭ ئىنقىلاب خاتىرىلىرى دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دەپ
يازىدۇ: «شۇ ئارىدا، موغۇلىستاندىن جاڭ سىڭ دورغا دېگەن بىر كىشى بىر قىسىم
ئاتلىق ئادەملىرى بىلەن كېلىپ ھاجىم بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاندا،
موغۇلىستانغا ئوخشاش سوۋېت ھىمايىسىدە بىر دۆلەت قۇرۇپ، ھاجىمنىڭ جۇمھۇر
رەئىسى بولۇشىنى تەكلىپ قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى
بىلدۈرگەن ئىدى. ھاجىم بۇلار ئىشەنگىدەك بىرەر ھەرىكەتتە بولمىغان».
2 –
پەسىل
تۇرپان ئىنقىلابى
خوجىنىياز ھاجى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، قولغا كەلتۈرگەن
ئۈستۈنلۈكىدىن ۋە غالىبىيىتىدىن مەغرۇرلىنىپ كەتمىدى. چۈنكى، مۇداپىئە
مەركىزىدىن چىقىپ، ئۇرۇش باشلاش ئۈچۈن تېخى يېتەرلىك كۈچكە ئىگە
ئەمەسلىكىنى ياخشى بىلەتتى. ھازىرقى تۇرۇۋاتقان يېرى ناھايىتى مۇستەھكەم
ئىدى. بۇ يەردە تۇرۇپ كۈچ توپلاپ، يېڭىلمەس بىر كۈچ بىلەن يۈرۈش قىلىشنى
مۇۋاپىق دەپ ھېسابلايتتى. ھەقىقەتەنمۇ خوجىنىياز ھاجىنىڭ بۇ پىكرى بەك
توغرا بىر پىكىر بولغان ئىدى.
بۇرۇن ما جۇڭيىڭدىن ئايرىلىپ ياكى كېيىنچە گەنسۇدىن چىقىپ، خوجىنىياز
ھاجىنىڭ خىزمىتىگە كىرگەن ماشىمىن، ما فۇيەن ۋە ماجەنسا باشچىلىقىدا ئىككى
يۈزدەك تۇڭگان بار ئىدى. بۇلار بىر ئاز ھەربىي تەلىم - تەربىيە كۆرگەن
ئادەملەر بولغانلىقى ئۈچۈن، خوجىنىياز ھاجى بۇلارنى ئەسكەرلىرىگە ھەربىي
تەلىم – تەربىيە بېرىشكە تەيىنلەپ خىزمەتكە سالغان. بۇ تۇڭگانلار خوجىنىياز
ھاجىنى ھەدەپ تۇرپانغا يۈرۈش قىلىشقا ئۈندىگەن بولسىمۇ، خوجىنىياز ھاجى
بۇلارغا قۇلاق سالماي ئۆزىنىڭ يۇقىرىدىكى پىكرىدە چىڭ تۇردى. ئەسلىدە،
ئىنقىلابچى بولمىغان ۋە داۋاملىق بۇلاڭ – تالاڭ بىلەن ئادەتلىنىپ كەلگەن بۇ
تۇڭگانلار سەبىرسىزلىنىپ، ھىجرى 1351 – يىلى شەئبان ئېيىدا ( مىلادى 1932 –
يىلى 12 – ئايدا ئىسيان چىقاردى. خوجىنىياز ھاجى بۇ ئىسياننى باستۇردى ۋە
ئۇلارنى تاغ جىلغىلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتتى. بۇ تۇڭگانلار قېچىپ، ئارقا
يوللار بىلەن تۇرپاننىڭ ئەڭ شەرقىدىكى « چىقتىم » دېگەن يەرگە كېلىپ، «
خوجىنىياز ھاجى پۈتۈن ئەسكىرىنى ئېلىپ يېتىپ كەلدى » دەپ سۆز تارقاتتى.
ماشىمىن، خوجىنىياز ھاجى نامىدىن تۇرپانغا شۇ مەزمۇندا بىر خەت يېزىپ
ئەۋەتتى:« ئىمىن باي، مەھمۇد باي ( مۇھىتى) ۋە ئىبراھىم دورغىلارغا مەلۇم
بولسۇنكى، بىز نۇرغۇن ئەسكەر بىلەن چىقتىم دېگەن جايغا كەلدۇق. سىزلەرمۇ
ھازىرلىق كۆرۈڭلار»
بۇ
خەۋەرنى ئاڭلىغان تۇرپان خەلقى ھاياجانلىنىپ، ھەر تەرەپتە قوزغىلىش
ھازىرلىقى باشلىنىپ كەتتى. تۇرپاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان پىچان شەھىرىنىڭ
خەلقى ئىنقىلاب قوزغىدى. ماشىمىنلارمۇ قوشۇلۇپ شەھەرنى ئالدى. بۇ ئەھۋالدا،
قۇمۇل ۋە پىچان ئوتتۇرىسىدىكى كۆچمەن ئاق ئورۇسلاردىن تەركىب تاپقان
ئەسكەرلەر ئىنقىلابچىلارغا قارشى ھۇجۇم قىلدى. شەھەردىكى ئىنقىلابچىلار
مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. جىن شۇرىننىڭ ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرى شەھەر خەلقىنى
قورقۇنچلۇق شەكىلدە قىرغىن قىلدى ۋە بۇلاڭ – تالاڭ قىلىپ، شەھەرنى ۋەيران
قىلىۋەتتى. ماشىمىنلار لۇكچۇننىڭ دىغاي دېگەن يېرىگە چېكىندى.
قۇمۇلدا ئىنقىلاب قوزغالغان كۈندىن باشلاپ، تۇرپاننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىرىدىن
ھەمدۇللا ئەلەم، مەقسۇت مۇھىتى، مۇسۇل مۇھىتى، مەھمۇد مۇھىتى ۋە ئابدۇللاھ
داموللام قاتارلىق مۇنەۋۋەر كىشىلەر قۇمۇل ئىنقىلابىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن
مەسلىھەت قىلىشىپ، پۇرسەت كۈتۈپ تۇراتتى. بۇ ئارىدا، تۇرپان ئاستانە
خەلقىمۇ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاستانىنى قولغا چۈشۈرگەن ئىدى. مەقسۇت باي (
مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى) باشچىلىقىدا تۇرپان مۇنەۋۋەرلىرى ‹خوجنىنىياز
ھاجىنى باشلاپ كېلىمىز› دەپ ئاستانىدىن لۈكچۈنگە كېلىدۇ. كەلگەنلەرنىڭ ئاز
ساندىكى تۇڭگانلار بولۇپ، خوجىنىياز ھاجىنىڭ تېخى ئۆز مەركىزىدىن تاشقىرىغا
چىقمىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ۋاقىتسىز ھەرىكەت باشلىغانلىقلىرىنى ئۇقۇپ
قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ ۋە ماشىمىن قاتارلىق تۇڭگانلارنى خوجىنىياز ھاجىنىڭ
قېشىدىن كەلگەن «ئۇلۇغ مۇجاھىد»لار دەپ، ئۇلارنى ئاستانىغا باشلاپ كېلىدۇ.
شۇ كۈنى تۇرپاندىن ئاستانىغا ئەۋەتىلگەن ئۈچ يۈزدەك چىن ئەسكىرى ئاستانە ۋە
قاراخوجا خەلقى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئۈچ يۈز دانە مىلتىق ۋە ئوق –
دورا ئولجا ئېلىنىدۇ. ئەتىسى، ئاستانە ئەتراپىدىكى لۈكچۈن، قاراخوجا،
لىمۇجىن، مورتۇق ۋە ياڭخى قاتارلىق كەنتلەردىن ئۈچ مىڭدەك كىشى كېلىپ
قوشۇلدى.
شۇنىڭ بىلەن تۇرپان خەلقى تۇڭگانلار بىلەن بىرلىشىپ، تەرەپ – تەرەپتىن
چىنلىقلارغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلايدۇ. قاتتىق ئۇرۇشلاردىن كېيىن، 1933 –
يىلى 2 – ئاينىڭ باشلىرىدا تۇرپان ۋىلايىتىگە تەۋە پۈتۈن جايلار ئازات
قىلىنىدۇ. تۇرپاندىكى تۇڭگانلارنىڭ ھەممىسى قوراللىنىپ ماشىمىن ۋە ئۇنىڭ
ھەمرالىرىغا قېتىلدى. بىر تۇڭگاننى باشلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا « ساۋ فىي سىلىڭ
» دەپ نام بەردى. تۇرپان خەلقى بۇ ئىشقا نارازى بولسىمۇ، ئىختىلاپ چىقمىسۇن
دەپ مەجبۇرىي ساۋ فىي سىلىڭغا ئىتائەت قىلدى.
ئۈرۈمچىدىن باي زىخۇي (قوماندانلىق شتابىنىڭ باشلىقى) باشچىلىقىدا چوڭ بىر
قوشۇن ئون ئىككى ماشىنىدا توپ – زەمبىرەك بىلەن تۇرپانغا ھۇجۇم قىلدى.
تۇرپان ئىنقىلابچىلىرى ۋە تۇڭگانلار، شەھەرنىڭ سىرتىدا دۈشمەننى توسۇپ
قاتتىق زەربە بېرىپ مەغلۇپ قىلدى، باي زىخۇي قاچتى.
ئىنقىلابچىلار ئارقىسىدىن قوغلاپ، خو گولۇ جىلغىسىدا ئارقىسىدىن يېتىشىپ،
قاتتىق بىر ھۇجۇم بىلەن دۈشمەننى پاراكەندە قىلىۋەتتى. ئون ئىككى ماشىنا
بىلەن توپ – زەمبىرەك ۋە ئوق – دورىنىڭ ھەممىسى ئىنقىلابچىلارنىڭ قولىغا
چۈشتى. بۇ ئۇرۇشتا ساۋ فىي سىلىڭنى تۇرپان مۇجاھىدلىرىدىن بىرى دۈشمەن دەپ
قېلىپ، ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ماشىمىن ساۋ فىي سىلىڭ بولدى. بۇ
ئۇرۇش نەتىجىسىدە، خو گولۇ جىلغىسى ۋە داۋانچىڭ ئېغىزى ئىنقىلابچىلارنىڭ
قولىغا ئۆتۈپ، چوڭ يول بىلەن ئۈرۈمچىگە ئەسكەر كېلىش ئىمكانىيىتى يوق
قىلىندى. قۇمۇلدا ئىنقىلاب داۋام قىلىۋاتقان كۈنلەردە توقسۇن خەلقىمۇ
ئىنقىلاب ھازىرلىقىغا كىرىشكەنىدى. توقسۇندىن توختى ئاخۇن ( بەگ) باشلىق
ئون كىشى تۇرپانغا بېرىپ، ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن يوليورۇق سورايدۇ.
رەھبەرلەر توختى بەگكە ماشىمىننىڭ ئادىمىدىن بىرنى قوشۇپ بېرىپ، توقسۇندا
ئىنقىلاب قوزغاشقا ئەۋەتىدۇ. توختى بەگ ئىككى يۈزدەك مۇجاھىد بىلەن شەھەرگە
ھۇجۇم قىلىپ، ئازاد قىلىدۇ. توقسۇن ۋە كۆمۈشتىن قېتىلغان 5 – 6 يۈزدەك
مۇجاھىدنى ئېلىپ، توختى بەگ قارا شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. شەھەر خەلقى ۋە
شەھەردىكى تۇڭگانلارنىڭ ياردىمى بىلەن قاتتىق ئۇرۇشلاردىن كېيىن،
قاراشەھەرنى قولغا چۈشۈرىدۇ ( 23 – خەرىتىگە قاراڭ ).
شۇنداق قىلىپ، جىن شۇرىن چىنلىق ئەسكەرلىرى بىلەن ئىنقىلابنى باستۇرۇشقا
كۈچى يەتمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۈرۈمچى، غۇلجا ۋە ئالتايدىكى كۆچمەن ئاق
روسلاردىن بىر قانچە مىڭ كىشىنى ئەسكەرلىككە ئالدى ۋە شېڭ ( يۇقىرىدا ئىسمى
تىلغا ئېلىندى) نى زىخۇيلۇق ئۇنۋانى بىلەن بۇلارغا قوماندان قىلدى. شۇ
كۈنلەردە، تۇرپان، توقسۇن، كورلا ۋە قارا شەھەرنىڭ ئىنقىلابچىلارنىڭ قولىغا
ئۆتكەنلىك خەۋىرى كەلدى. بۇنى ئاڭلىغان جىن شۇرىن قورقۇپ كېتىپ، ئۈرۈمچىنى
مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن قۇمۇلدا تۇرۇۋاتقان شېڭ زىخۇينى چاقىرىتتى. ئۈرۈمچىگە
قايتىش ئۈچۈن يولغا چىققان شېڭ زىخۇينىڭ ئەسكەرلىرى پىچاندا تۇيۇقسىز
ئىنقىلابچىلارنىڭ ئۈستىگە كېلىپ قالىدۇ. توپ ۋە بروئىنىك ماشىنىلار بىلەن
قوراللانغان تۆت مىڭ كىشىلىك بۇ دۈشمەن قوشۇنى پىچانغا ھۇجۇم قىلىپ،
دەھشەتلىك قىرغىن ئېلىپ باردى. ئۇنىڭدىن كېيىن، لەمجىن ۋە لۈكچۈننى دەسسەپ
تۇرپانغا يېقىنلاشتى. چېكىنگەن ئىنقىلابچىلار تۇرپانغا يىغىلىپ قاتتىق
مۇداپىئە قىلغان بولسىمۇ، مەغلۇپ بولدى. بۇ ئۇرۇشتا ئون مىڭدەك مۇجاھىد
شېھىت ۋە يارىدار بولدى. 1933 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ماشىمىن تۇرپاندىكى
قوراللارنى ئېلىپ، قارا شەھەر ئارقىلىق توقسۇنغا قايتىپ كەلدى. مەھمۇت
مۇھىتى (مامۇت سىجاڭ) مۇ مۇسۇل ھاجىم، تاھىر بەگ، باي ئەزىزى ۋە ئىمىن ھاجى
داموللاملارنى ئېلىپ، ساق قالغان مۇجاھىتلار بىلەن قارا شەھەرگە كەلدى. ئۇ
يەردىن ھەمدۇللا ئەلەم ئاخۇنۇم، مۇسۇل باي باشلىق بىر قىسىم مۇجاھىتلار تاغ
يولى بىلەن خوجىنىياز ھاجىنىڭ قېشىغا كەتتى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن تۇرپان
دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. تۇرپان خەلقى، شېڭ زىخۇينىڭ چىنلىق ۋە
ۋەھشىي ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىندى. بولۇپمۇ پىچاندا
ياش – قېرى، ئەر – ئايال ۋە كىچىك بالا دەپ ئايرىماي ئۆلتۈرۈپ نۇرغۇن
خەلقنى شېھىت قىلدى.
كورلا ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، تۇرپان ئىنقىلابچىلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغان ۋە
ماشىمىننىڭ قېچىپ كەتكەن خەۋىرى كورلىغا كەلدى. توختى بەگ باشلىق
مۇجاھىتلار پىچانغا قايتىپ، دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇپ ھەممىسى شېھىت بولىدۇ.
چەرچەن، چاقىلىق ۋە لوپنۇردىنمۇ بىرەر مىڭغا يېقىن مۇجاھىد تۇرپانغا كېلىپ،
ئوۋ مىلتىقلىرى بىلەن دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشۇپ شېھىت بولىدۇ.
خوجىنىياز ھاجىنىڭ تۇرپاننى ئالغانلىقى
خوجىنىياز ھاجى، قۇمۇل تاغلىرى ئىچىدىن پات چىقماي تۇرۇشنىڭ سەۋەبىنى ئۆزى،
مۇستەھكەم بازىسى بولغان بۇ تاغ ئىچىدە تۇرۇپ، دۈشمەننى يەڭگىدەك يېتەرلىك
كۈچ توپلىغاندىن كېيىن چىقىپ، مۇنتىزىم ھۇجۇملار بىلەن دۈشمەننى يوقىتىپ،
مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك دەپ، ئېيتقان ئىكەن. بۇ ھەقتىكى
تەپسىلىي پىلاندىن خەۋىرىم يوق.
1933
– يىلى تۇرپان ۋىلايىتى جىن شۇرىننىڭ شېڭشىسەي قوماندانلىقىدىكى قوشۇنى
تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ماشىمىن ۋە ئارقىسىدىن مەھمۇد مۇھىتى
باشچىلىقىدىكى مۇجاھىتلار قاراشەھەرگە چېكىنگەن ۋە مەقسۇت مۇھىتى بىلەن
ئىككى يۈزدەك كىشى خوجىنىياز ھاجىنىڭ قېشىغا بېرىپ، تۇرپان پاجىئەسىنى
ئاڭلىتىپ ياردەم تەلەپ قىلغان. خوجىنىياز ھاجى، مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن
پالاكەتتىن ناھايىتى قايغۇرۇپ، بۇلارغا ياردەم قىلماي ئولتۇرۇشقا ۋىجدانى
چىدىمىغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆز كۈچىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە خەلقنىڭ
قورالسىز ئىكەنلىكىدەك قىيىنچىلىقلار مەۋجۇد ئىدى. خوجىنىياز ھاجىنىڭ،
خوتەن ۋە باشقا جايلاردا قوزغالغان مىللىي ئىنقىلابلاردىن تېخى خەۋىرى يوق
ئىدى.
خوجىنىياز ھاجى، 1933 – يىلى 2 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قۇمۇل تېغىدىكى
مەركىزىدە ئازراق بىر قىسىم ئەسكىرىنى قويۇپ، قالغان پۈتۈن كۈچى بىلەن
قۇربان دورغا، سالى دورغا، سوپاخۇنۇم ۋە پازىل ئاخۇنۇملار بىلەن مەھمۇد
مۇھىتى ۋە ھەمراھلىرىنىمۇ بىرگە ئېلىپ، يۈرۈش قىلىپ قۇمۇلنى قولغا چۈشۈرۈپ
لۈكچۈنگە كەلدى. تۇرپان خەلقى ئومۇمىيۈزلۈك پىدائىي بولۇپ خوجىنىياز ھاجىغا
قوشۇلدى. ھەمدۇللا ئەلەم ئاخۇنۇممۇ كېلىپ، خوجىنىياز ھاجى بىلەن كۆرۈشۈپ
كەلگۈسىدىكى ھەرىكەت قىلىش پىلانلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقان.
بۇنى
ئاڭلىغان شېڭشىسەي (شېڭ زىخۇي)، ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرىنى لۈكچۈنگە يوللايدۇ.
ئۈچ كېچە – كۈندۈز داۋام قىلغان قانلىق ئۇرۇشتىن كېيىن، خوجىنىياز ھاجى
مەغلۇپ بولۇپ، چالقان تاغ دېگەن جايغا چېكىنىدۇ. ھەمدۇللا ئەلەم ئاخۇنۇم،
مەقسۇت مۇھىتى ۋە رەقىب قازىم قاتارلىق تۇرپان ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك
رەھبەرلىرى بۇ ئۇرۇشتا شېھىت بولغان ئون مىڭغا يېقىن قەھرىمانلىرىمىزنىڭ
ئارىسىدا ئىدى. شېڭشىسەي، مەقسۇت مۇھىتىنىڭ كېسىلگەن بېشىنى تۇغۇلغان يېرى
بولغان ئاستانە ۋە لۈكچۈندە ئېسىپ قويدى، لۈكچۈن خەلقىنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرگە
ئوت قويۇۋەتتى.
ئۇ
كۈنلەردە ئۈرۈمچىدە سىياسىي ئەنسىزلىك باشلىغان ئىدى. ئەڭ مۇھىمى، جىن
شۇرىن ھېچ دەم ئالغۇزماي ئالتە ئايدىن بېرى سوقۇشقا سېلىپ كېلىۋاتقان
كۆچمەن ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرى ئىچىدە نارازىلىق كەيپىياتى يۈز بەردى. جىن
شۇرىن بۇلارنىڭ ئىنقىلابچىلار تەرىپىگە ئۆتۈۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۈرۈمچىگە
چاقىرتىۋالدى. ئۇ يەردە قالغان چىنلىق ئەسكەرلەر ئىنقىلابچىلارغا قارشى
تۇرالمىغان. شۇنىڭ بىلەن تۇرپان، پىچان ۋە لۈكچۈندىن ئۈرۈمچىگە قاراپ
ماڭغان دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى مەھمۇد مۇھىتى باشچىلىقىدىكى مۇجاھىتلار
بەيياڭگۇدا توسۇپ زەربە بەرگەن. بۇ ئارىدا تۇرپانغا كەلگەن خوجىنىياز ھاجى،
مەھمۇت مۇھىتى بىلەن ئۇچرىشىپ، مۇزاكىرەلەشكەندىن كېيىن، گۇچىڭ ۋە مورىغا
قاراپ يۈرۈش قىلىپ، مورىدا توختايدۇ.
1933
– يىلى 1 – ئايدا، ماشىمىن قارا شەھەرگە كېلىپ ئۇ يەردىكى تۇڭگانلاردىن
بىرەر مىڭدەك كىشىنى ئەسكەرلىككە ئېلىپ كۈچ توپلاپ تۇرغانىدى. ماشىمىن،
شەرقىي تۈركىستاندا بىر تۇڭگان دۆلىتى قۇرۇش مۇمكىن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ،
ماجۇڭيىڭنى قىچقىرىپ چىقماقچى بولدى.
بۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇل ھاجى (مەھمۇد مۇھىتىنىڭ ئاكىسى) باشلىق بىر ھەيئەتنى
دۇڭخۇاڭ يولى بىلەن گەنسۇغا ماجۇڭيىڭنى تەكلىپ قىلىپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ. بۇ
دەۋەتتىن مەھمۇد مۇھىتىنىڭ خەۋىرىنىڭ بار – يوقلۇقى ھەققىدە بىر – بىرىگە
ئوخشىمايدىغان رىۋايەتلەر بار. ئەنشىگە بارغاندا بۇ ھەيئەتكە يولۋاس بەگمۇ
قېتىلغانىدى. ئۇ كۈنلەردە، ما بۇفاڭ بىلەن ئۇرۇشىۋاتقان ما جۇڭيىڭ، قاچقىلى
يەر ئىزدەۋاتاتتى. مەزكۇر ھەيئەتنىڭ تەكلىپىدىن خۇشال بولۇپ، ئىككى مىڭ
ئاتلىق ۋە ئۈچ مىڭ پىيادە ئەسكەردىن تەركىپ تاپقان پۈتۈن قوشۇنىنى ئېلىپ،
1933 – يىلى 3 – ئاينىڭ ئاخىرىدا گەنسۇدىن يەنە بىر قېتىم شەرقىي
تۈركىستانغا چىقىدۇ. قۇمۇلدا چىن ئەسكەرلىرى ئاز قالغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن
ماجۇڭيىڭ قۇمۇلنى ئوڭايلا ئېلىپ، گۇچىڭغا قاراپ ماڭدى. بۇ ۋەزىيەتتە
خوجىنىياز ھاجى ئارقىسىغا يېنىپ، ماجۇڭيىڭنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن قۇمۇلغا
كەلدى. خوجىنىياز ھاجى بىلەن ماجۇڭيىڭ قۇمۇل بىلەن تۇرپان ئوتتۇرىسىدا بىر
جايدا ئۇچرىشىپ، مۇزاكىرىلىشىپ كېلىشىم تۈزدى. كېلىشىمنىڭ ھەقىقىي
مەزمۇنىدىن خەۋىرىمىز يوق. خوجىنىياز ھاجىنىڭ تەرەپتارلىرىدىن ئالغان
مەلۇماتىمىزغا قارىغاندا بۇ كېلىشىم بويىچە، ماجۇڭيىڭ خوجىنىياز ھاجىغا،
جىن شۇرىندىن شەرقىي تۈركىستاننى تارتىۋېلىشىغا ياردەم قىلىدۇ. ئۇرۇشتا
قولغا چۈشكەن قورال – ياراق ۋە باشقا ئولجىلارنى ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ
تەقسىم قىلىۋالىدۇ. خوجىنىياز ھاجى، ماجۇڭيىڭنىڭ كۆرسەتكەن پىلانى بويىچە
ئىش قىلىدۇ. ئەمما، ھېچبىرى يەنە بىرسىگە تەۋە بولمايدۇ. لېكىن، تۇڭگانلار،
«خوجىنىياز ھاجى تۇڭگانلارغا شەرتسىز بويسۇنغانىدى » دەپ داۋا قىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى كۈچ بىرلەشتى ۋە جىن شۇرىننىڭ كۈچى كۆپرەك جايلاشقان
گۇچىڭ ۋە جىمسارغا ھۇجۇم قىلىش قارار قىلىندى. ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن
كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، گۇچىڭنى تۇڭگانلار ۋە جىمىسارنى
تۈركلەر ئالماقچى بولغانىكەن. ماجۇڭيىڭ، ئون ئىككى كۈن ئۇرۇشۇپ قولغا
چۈشۈردى. بۇ شەھەردە تەخمىنەن يىگىرمە مىڭغا يېقىن چىن ئەسكىرى بار ئىدى.
بۇ ئۇرۇشتا غەنىمەت ئېلىنغان قورال – ياراق ۋە ئوق – دورىنىڭ ھەممىسىنى
ماجۇڭيىڭ ئېلىۋالدى. خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئەسكىرىنىڭ تولىسىدا مىلتىق يوقتى.
خوجىنىياز ھاجى قورال تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ماجۇڭيىڭ بەرمىدى. خوجىنىياز
ھاجى، جىمىسارغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر قانچە كۈن سېپىلنى مۇھاسىرە قىلدى.
ئاخىرى، چىنلىقلار قوراللىرىنى تاپشۇرۇپ تەسلىم بولىدىغانلىقلىرىنى
بىلدۈردى ۋە ئۇرۇش توختىدى. خوجىنىياز ھاجى ئەتىسى قوراللارنى تاپشۇرۇپ
ئالىدىغان بولۇپ، ماجۇڭيىڭغا خەۋەر قىلىپ، ئۆزى كېچىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن
سېپىلدىن ئۇزاقراق يەرگە كېلىپ ياتقان. كېچىسى ماجۇڭيىڭ سېپىل ئىچىدىكىلەر
بىلەن خەۋەرلىشىپ، بىر قانچە ماشىنا ئەسكەرنى جىمىسارغا ئېلىپ كەلدى ۋە
سېپىلدىكى بىرمىڭ سەككىز يۈز مىلتىق ۋە نۇرغۇن ئوق – دورىنى تاپشۇرۋېلىپ،
خوجىنىياز ھاجىغا تۇيدۇرماي گۇچىڭغا ئېلىپ كەتتى. بۇنى ئاڭلىغان خوجىنىياز
ھاجى ۋە ھەمرالىرى قاتتىق خاپا بولۇپ كەتتى. ئەمما، سەۋرى قىلماقتىن باشقا
چارىلىرى يوقتى.
ماجۇڭيىڭ شەرقىي تۈركىستانغا چىققان كۈنلەردە، جىن شۇرىن ئاغدۇرۇلۇپ،
ئورنىغا 1933 – يىلى 4 – ئاينىڭ 16 – كۈنى شېڭشىسەي دۇبەن (ئەسكىرىي
ئومۇمىي ۋالىي) بولغان. بۇ ۋەقەلەرنى «ئۈرۈمچى ھادىسىلىرى» دېگەن بۆلۈمدە
تەپسىلىي بايان قىلىمەن. ئۈرۈمچى مۇداپىئەسىدە مۇھىم ئورۇندىكى گۇچىڭ ۋە
جىمىسار ئېلىنغاندىن كېيىن، ئەمدى دەرھال ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ۋاقتى
كەلگەنىدى.
ماجۇڭيىڭنىڭ پىلانى بويىچە، خوجىنىياز ھاجىنى ئالدىنئالا ئۈرۈمچىگە
ماڭغۇزۇپ، ئۆزى ئۈرۈمچىنىڭ غەربىدىكى ماناس، قۇتۇبى، سانجى ۋە شىخۇ
شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇ يەردىكى قورال ۋە ناھايىتى كۆپ مىقداردىكى
ئولجىنى ئۆزى ئېلىۋالماقچى ئىدى. بۇ پىلانغا ئاساسەن خوجىنىياز ھاجىنى
ئۈرۈمچىدىن يىگىرمە مىل شەرقىي شىمالدىكى فۇكاڭ ناھىيىسىنى ئېلىپ، ئۇ
يەردىن ئۈرۈمچىگە يۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى. خوجىنىياز ھاجى، بۇنىڭغا ماقۇل،
ئەمما مەندە قورال يوق دەپ يېتەرلىك مىقداردا قورال بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
لېكىن، ماجۇڭيىڭ مىلتىق بەرمەي ئازراق ئوق – دورا بەردى. يەنە بىر
تەرەپتىن، ماجۇڭيىڭ ئارتۇق قورال – ياراق ۋە ئوق – دورىنى ئوغرىلىقچە
گەنسۇغا ئەۋەتمەكچى بولغانلىقى مەلۇم بولۇپ قالدى. بۇ خىيانەتكارلىق
سەۋەبىدىن خوجىنىياز ھاجىنىڭ سەۋرى تاقىتى قالمىغان بولسىمۇ، ئومۇمىي
ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئامال يوق، ئىلاجسىز فۇكاڭغا يۈرۈش قىلىپ ئۇ يەرنى
قولغا چۈشۈردى. ماجۇڭيىڭ ماناس، شىخۇ، قۇتۇبى ۋە سانجى شەھەرلىرىنى ئۇ
يەردىكى تۈرك ۋە تۇڭگانلارنىڭ ياردىمى بىلەن قولغا چۈشۈردى.
شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى غەرب ۋە شەرق تەرەپتىن مۇھاسىرە ئىچىدە قالدى. بۇ
ئارىدا شېڭشىسەي يۇقىرىقىدەك كېلىشمەسلىكتىن پايدىلىنىپ، ھېچ بولمىسا
خوجىنىياز ھاجى بىلەن ماجۇڭيىڭنى بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتىشنىڭ يولىنى
ئىزدىمەكتە ئىدى. ھەر بىرىگە ئايرىم – ئايرىم ئەلچى ئەۋەتىپ، كېلىشىم تۈزۈش
ئۈچۈن ھەر خىل تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ئىدى. ماجۇڭيىڭنىڭ كېيىنكى
خىيانەتكارلىقىدىن خوجىنىياز ھاجىنىڭ بەك ئاغرىنغانلىقىنى ئاڭلىغان
شېڭشىسەي، دەرھال خوجىنىياز ھاجىغا ئەلچى يوللاپ ئۇنىڭغا تازا ماقۇل
كېلىدىغان شەرتلەر ئاساسىدا كېلىشىم تۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى.
مانا
بۇ نۇقتا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچەكتىكى ھايات – ماماتلىق تەقدىرىنى
بەلگىلەيدىغان ئىنتايىن ئىنچىكە بىر ئىمتىھان نۇقتىسى ئىدى! چۈنكى،
شېڭشىسەينىڭ مەقسىتى بىر ئامال قىلىپ بۇ ئىككى دۈشمىنىنى بىر – بىرىدىن
ئايرىۋېتىش ئىدى. بۇ ئايرىلىشنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن قورقۇنچ بىر
خەتەرنىڭ باشلىنىشى بولىدىغانلىقىنى ئەقلى بار ھەرقانداق ئادەم بىلەتتى.
خوجىنىياز ھاجى ئۈچۈن بۇ ۋەزىيەتتە، ماجۇڭيىڭنىڭ ئىنساپسىزلىقى ۋە
خىيانەتكارلىقىغا يەنە بىر مەزگىل چىداپ، قاچىدىكى ئاشتەك تەييار كۆزگە
كۆرۈنۈپ تۇرغان ئۈرۈمچىنىڭ ئازاد بولىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن،
ماجۇڭيىڭ بىلەن ئاندىن ئوچۇق مەيدانغا چۈشۈپ ھېساپلىشىشى، ئەڭ توغرا يول
ئىدى. شېڭشىسەينىڭ ھەرقانداق ئىشىنىڭ بىر ئالدامچىلىق ئىكەنلىكى ھەر كىمگە
مەلۇم ئىدى. لېكىن، خوجىنىياز ھاجى بۇنى ئىنچىكىلىك بىلەن تولۇق چۈشىنىپ
كېتەلمەي، شېڭشىسەي ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەرگە ماقۇل بولدى ۋە كېلىشىم
ئىمزالىدى. كېلىشىمنىڭ مۇھىم ماددىلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
( 1)
شېڭشىسەي، خوجىنىياز ھاجىغا يىگىرمە مىڭ دانە مىلتىق، بىر قانچە مىليون ئوق
ۋە بىر مىليون سەر كۆمۈش بېرىدۇ. قورال – ياراق ۋە پۇلنىڭ ئۈچتىن بىرى نەق،
قالغان قىسمى ماجۇڭيىڭنى شەرقىي تۈركىستاندىن ھەيدەپ چىقارغاندىن كېيىن
بېرىلىدۇ.
( 2)
تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇمۇل، تۇرپان ۋە ئالتە شەھەردىن ئىبارەت
بولغان جايلارنى نەن جاڭ (جەنۇبى ئۆلكە) ئىسمى بىلەن خوجىنىياز ھاجى چىن
ھۆكۈمىتى نامىدا ئىدارە قىلىدۇ.
( 3)
بۇلارغا قارشىلىق، خوجىنىياز ھاجى شېڭشىسەي بىلەن دوست، ماجۇڭيىڭ بىلەن
دۈشمەن بولۇپ زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشىدۇ. شېڭشىسەي بىلەن
ماجۇڭيىڭ ئۇرۇشقاندا، خوجىنىياز ھاجى شېڭشىسەيگە ياردەم قىلىدۇ ياكى
بىتەرەپ تۇرىدۇ.
خوجىنىياز ھاجى، شېڭشىسەيدىن يۇقىرىقى قورال – ياراق ۋە پۇلنى ئېلىپ،
شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېرىمىغا ھۆكۈمدار بولۇشنى ئۆزىگە چوڭ بىر پايدا دەپ
ھېسابلاپ، كېلىشىمنى قوبۇل قىلدى ۋە 1933 – يىلى 6 – ئاينىڭ 8 – كۈنى
شېڭشىسەينىڭ ئەلچىلىرى بىلەن شىمىكۇدا كۆرۈشۈپ كېلىشىمگە ئىمزا قويدى.
ئالدىن بېرىدىغان پۇل ۋە قورالنى تاپشۇرۇپ ئالدى ۋە ئۇرۇش مەيدانىدىن
چېكىنىپ تۇرپانغا قايتتى. خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئەڭ سەمىمىي سەپداشلىرىدىن
يولۋاس بەگ باشلىق بىر قانچە كىشى ئۇنى تەنقىد قىلىپ، بۇ كېلىشىمگە قارشى
چىققان بولسىمۇ خوجىنىياز ھاجى ئۆز پىكرىدىن يانماي كېلىشىمگە قول قويدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، يولۋاس بەگ بىر قانچە يۈز قۇمۇللۇق ئەسكەر بىلەن خوجىنىياز
ھاجىدىن ئايرىلىپ ماجۇڭيىڭ بىلەن بىرلەشتى.
خوجىنىياز ھاجى تۇرپانغا كەتكەندىن كېيىن، ماجۇڭيىڭنىڭ ئەسكەرلىرى
شېڭشىسەينىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن 3 – 4 يەردە ئۇرۇشۇپ، بەزىدە يېڭىلىپ بەزىدە
غەلىبە قىلدى. شۇنداقلا ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئەلچىلەر بىلەنمۇ مۇزاكىرىلىشىپ
تۇردى. شۇنداق بىر پەيتتە ئىلىدىكى چىن قوشۇنىنىڭ قوماندانى جاڭ بەييۋەن
(بۇرۇنقى باي زىخۇي ۋە شېڭشىسەينىڭ رەقىبى) شېڭشىسەينى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن
ئىتتىپاق تۈزدى. بۇ ئىككى ئىتتىپاقداشنىڭ ئەسكەرلىرى بىرلىكتە يۈرۈپ
ئۈرۈمچىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ھەتتا شەھەرنىڭ بەزى مەھەللىلىرىنىمۇ
بېسىۋالدى. بۇ مۇھاسىرە بىر ئايدەك داۋام قىلدى. بۇ ئارىدا شېڭشىسەي سوۋېت
ھۆكۈمىتى بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزدى ۋە بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن شېڭشىسەيگە
ياردەم بېرىش ئۈچۈن سوۋېتنىڭ زامانىۋى قىسىملىرى شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ،
ماجۇڭيىڭنى قورقۇنچ ھالدا مەغلۇپ قىلدى.
ماجۇڭيىڭ قېچىپ كېتىۋېتىپ يول ئۈستىدىكى سانجى، قۇتۇبى، ماناس ۋە شىخۇ
شەھەرلىرىدە بۇلاڭ – تالاڭ قىلىپ، ئوت قويۇپ گۇچىڭغا كەلدى. ماجۇڭيىڭنىڭ
ئەسكەرلىرى گۇچىڭدىكى تۈركلەرنى دەھشەتلىك ھالدا قىرغىن قىلدى. پۈتۈن
شەھەرگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى. ئەمدى، ماجۇڭيىڭنىڭ يۇرتىغا قايتىش
ئىمكانىيىتى قالمىغان ئىدى. چۈنكى، مابۇفاڭ ئۇنىڭ يۇرتىنى تامامەن ئىشغال
قىلىپ بولغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ماجۇڭيىڭ ئالتى شەھەرگە ئۆتۈش ئۈچۈن 1933 –
يىلى 8 – ئايلارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گۇچىڭدىن تۇرپانغا قاراپ يۈرۈش قىلدى ۋە
خوجىنىياز ھاجى بىلەن ئۇرۇشقىلى باشلىدى. بۇلارنى نۆۋىتى كەلگەندە تەپسىلىي
بايان قىلىمەن.
3 –
پەسىل
خوتەن ئىنقىلابى
خوتەن ئىنقىلابىنىڭ كېلىپ چىقىشى
يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، شەرقىي تۈركىستان ھېچ قانداق زامانىۋى
قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش ۋاستىلىرىغا ئىگە بولالماي تاشلىۋېتىلگەن بىر ھالەتتە
مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ مۇستەملىكىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەركەزگە
ئېغىزدىلا تەۋە بولغان چىنلىق ئەمەلدارلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى
زامانىۋى مائارىپ ۋە تەربىيەدىن مەھرۇم ھالدا ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ
قاراڭغۇلۇقىدا ياشاتماقتا ئىدى.
ئوڭ
– سولۇمنى پەرق ئېتەلىگىدەك بولغان چىغىمدىن تارتىپ، چىنلىق ئەمەلدارلارنىڭ
شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىۋاتقان زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىقلارنى ۋە خەلقىمنىڭ
خورلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆپ ئېچىنماقتا ئىدى. بۇلارنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن
كېچىلەردە ئۇيقۇسىز ۋە ۋەسۋەسىلەر بىلەن تاڭ ئاتقۇزاتتىم. يېشىم كېچىك،
ئەقلىم يېتىشمىگەن، تەجرىبىسىز ۋە ماددىي جەھەتتىن يوقسۇل ئىدىم. دەردىمنى
ئاڭلىتىدىغان كىشىم يوق ئىدى. قىسقىسى، ئون بەش يېشىمدىن تارتىپ، چىن
زۇلمىغا قارشى نەپرەت ھېسسى، مىللتىم ۋە ۋەتىنىمنىڭ ھالىغا قايغۇرۇش
كۆڭلۈمدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغانىدى. بۇ ھېسسىياتنىڭ ھەيدەكچىلىكى ئاستىدا،
مىللىتىمنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش، دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ قەدىمىي ۋە زامانىۋى
تارىخلىرىنى تەتقىق قىلىش زوقى كۆڭلۈمدە كۈندىن كۈنگە كۈچەيمەكتە ئىدى.
ئەپسۇسكى، ئەتراپىمدا ماڭا بۇ ساھەدە تەربىيە بېرىدىغان كىشىلەر يوقتى112.
مانا
بۇ ھالەتتە، مەدرىسىدىكى ئوقۇشۇمنى داۋام قىلدىم. 22 يېشىمدا ئوقۇشنى
تۈگىتىپ مۇدەررىس بولدۇم. بۇ ۋەزىپەمدە ئاستا - ئاستا تەرەققىي قىلدىم،
ئوقۇغۇچىلىرىممۇ خېلى كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ، دوستلىرىمنىڭ
ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ مۇھەببىتىنى ۋە ئىخلاسىنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىدىغان دىنىي
ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ جەھەتتە خېلى ياخشى نەتىجە
قازاندىم. مەدرىسىدىكى تالىپلىرىمدىن خېلى كۆپ كىشىنى تەربىيىلەپ، بۇلارنىڭ
ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن بىر ھەرىكەت قىلىش پىكرىمگە قوشۇلىدىغانلىقلىرىنى
ئۈمىد قىلالايدىغان ھالغا كەلدىم.
لېكىن، يۇرتنىڭ ۋەزىيىتى، مىللەتنىڭ روھىي ھالىتى ۋە دۈشمەننىڭ كۈچى
ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتىم يوقتى. بۇ مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن،
پۈتۈن يۇرتۇمنى ئايلىنىپ چىقىش مەقسىتى بىلەن 1930 – يىلى مەشھۇر تاتار
ئالىملىرىدىن چۆچەكتە ئولتۇرۇشلۇق شەيخ مۇھەممەد مۇراد (رەمزى) ئەفەندىنىڭ
قېشىغا ھەدىس ۋە تەفسىر بىلىملىرىدىن دەرس ئېلىش ئۈچۈن بارىمەن دەپ
خوتەندىن يولغا چىقتىم. كوچا، كورلا، تۇرپان، ئۈرۈمچى، چۆچەك، ئىلى، ئاقسۇ
ۋە ئارىدىكى شەھەرلەرنى ئالتە ئاي ساياھەت قىلىپ خوتەنگە قايتىپ كەلدىم. بۇ
ساياھىتىم ئەسناسىدا، يۇرتنىڭ ۋەزىيىتى، مىللەتنىڭ روھىي ھالىتى ۋە
دۈشمەننىڭ كۈچى توغرىسىدا قانائەتلەنگۈدەك مەلۇماتلارنى قولغا كەلتۈردىم،
ئىرادەممۇ كۈچلەندى. كۆپ جايلاردا بىلىملىك، ساداقەتلىك، ئەستايىدىل
ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللەتپەرۋەر كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى
دەرد بىلەن تولغانىكەن. ئەپسۇسكى، ئەمەلىي بىر ھەرىكەتكە ھازىر بولغان –
بولمىغانلىقى ياكى بىر مىللىي ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلالايدىغان بىر
كىشىنىڭ بار – يوقلىقىنى ئېنىقلىيالمىغانلىقىم ئۈچۈن بىرەرسى بىلەن ئوچۇق
بىر شەكىلدە پىكىر ئالماشتۇرۇشۇم مۇمكىن بولمىدى. پەقەت غۇلجىدا سابىت
داموللا ھاجىمنىڭ بىر مىللىي ئىنقىلاب ئۈچۈن پائالىيەتكە كىرىشىش پىكرىدە
ئىكەنلىكىنى بىلدىم. مەنمۇ مەقسىتىمنى سابىت داموللا ھاجىمغا ئاچتىم. بىر
قانچە كېچە سۆھبەتلەشتۇق. ھازىرقى ئەھۋالدا، يۇرت ۋە خەلقىمىزنىڭ ئازادلىقى
ئۈچۈن قوراللىق بىر مىللىي ئىنقىلاب قوزغاشتىن باشقا چارە قالمىغانلىقى
ھەققىدە بىر پىكىرگە كەلدۇق. ئىنقىلاب خوتەندە باشلانسا مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ
قارار قىلىشتۇق. ئىككىمىزنىڭ پىكرىچە، جىن شۇرىن ياكى چىن مەركىزى
ھۆكۈمەتتىن قورقۇشنىڭ كېرىكى يوقتى. پەقەت، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىنقىلابقا
ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىش كېرەك ئىدى. سابىت داموللا ھاجىم، ھەج
پەرزىنى ئادا قىلىش، بەزى ئىسلام مەملىكەتلىرىنى ساياھەت قىلىش ۋە بۇ
ئارىدا مىللىي ئازادلىق كۈرىشىمىزگە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق سىياسەتنى
تەتقىق قىلىش نىيىتى بىلەن 1931 – يىلى رۇسىيە ئارقىلىق يولغا چىقتى. مەن
بۇ ساياھىتىم نەتىجىسىدە تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلىنى ئېنىقلىۋالدىم:
( 1)
ھەممىدىن بۇرۇن، مەخسۇس ئەسكىرىي ماھىيەتتە بىر مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ
چىقىپ، دۈشمەن خەۋەردار بولۇپ قېلىشتىن ئىلگىرى كۈچ توپلىۋېلىپ، بۇ يول
بىلەن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا خەلقىمىزنى ئىنقىلابقا ھازىرلاش ئۈچۈن
تەشۋىق ئېلىپ بېرىش.
( 2)
ئىنقىلابنىڭ مەركىزى خوتەندە بولۇش. چۈنكى، جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە
خەلقنىڭ روھىي ھالىتى جەھەتتىنمۇ بۇ ۋىلايەتنى ھەممىدىن مۇۋاپىق كۆردۈم.
لېكىن، ئالدىمدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە، خەلقنىڭ قورالسىز بولىشى ۋە يۇرتۇمنىڭ
جۇغراپىيىلىك ۋەزىيىتىنىڭ قوراللىنىش ئۈچۈن قۇلاي ئەمەسلىكى ئىدى. بۇ
قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى، يۇرتنىڭ ھەر يېرىدە
ئىنقىلابنىڭ قوزغىلىپ، دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ پارچىلىنىشى دەپ ئويلىغانىدىم.
بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ساياھەتكە چىقىشىم كېرەك ئىدى. بەلكى، يەنە بىر
قانچە قېتىملىق ساياھەتنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ خىيال قىلىش بىلەن يېرىم
يىل ئۆتۈپ كەتتى. سىرىم يەنە بۇرۇنقىدەك ئىچىمدە قالدى.
شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، قۇمۇل ئىنقىلابى قوزغالدى. ئالتى شەھەر تەرەپلىرىگە
ئىنقىلاب خەۋەرلىرى ئانچە – مۇنچە كەلگىلى باشلىدى. 1932 – يىلى پۈتۈن
دۈشمەن قوشۇنىنىڭ قۇمۇلغا يېغىلغانلىقى ۋە باشقا جايلارغا يۆتكىگىدەك زاپاس
دۈشمەن كۈچى يوقلۇقى مەلۇم بولدى. بۇنىڭ بىلەن كۆز ئالدىمدىكى يۇقىرىقى
قىيىنچىلىق بىر ئاز يەڭگىللەشتى. بۇ ۋەزىيەتتە ئالتى شەھەرنىڭ مۇھىم
يەرلىرىدە تەشكىلات قۇرۇپ چىقىش يېتەرلىك بولىدۇ، دەپ ئويلىدىم. بۇنىڭ
ئۈچۈن، ئۆزۈم ئويلاپ يۈرگەن ئەسكىرىي ماھىيەتتە بىر تەشكىلات قۇرۇپ چىقىشنى
قارار قىلدىم ۋە ھىجرى 1351 – يىلى جامادىئەل ئەۋۋەلنىڭ 15 – كۈنى ( مىلادى
1932 – يىلى 9 – ئاينىڭ 16 – كۈنى) كېچىسى بۇ پىكرىمنى ئىنىم نۇر ئەھمەدكە
ئېيتتىم. ئۇ پەۋقۇلئاددە ھاياجان بىلەن بۇ پىكرىمنى قوللىدى.
تەشكىلاتىمىزنىڭ بىرىنچى ئەزاسى ئىنىم نۇر ئەھمەد بولدى. شۇ كۈندىن باشلاپ
بىردىن، ئىككىدىن ئەزا توپلاشقا باشلىدۇق ۋە بىر ئاي ئىچىدە ئەزالىرىمىز
ئەللىكتىن ئاشقان بىر مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ چىقتۇق. قىسقا بىر مۇددەت
ئىچىدە يېتەرلىك ساندا ئەزاغا ئىگە بولۇشىمىزنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكى مەلۇم
بولدى.
قەشقەر ۋە يەركەندىمۇ تەشكىلات قۇرۇش پىكرى تۇغۇلدى. ھەممىدىن قەشقەردە
تەشكىلات قۇرۇپ چىقىشىمىز ئوڭاي بولىدۇ دەپ خىيال قىلىپ، ئىنىم نۇر
ئەھمەدنى قەشقەرگە ئەۋەتتۇق. كېيىنچە ئەزالىرىمىزدىن قۇربانىللانىمۇ
ئەۋەتتۇق. بۇ ئىككىسى بۇرۇن قەشقەردە بىر مەزگىل ئوقۇغانىدى. بۇلارنىڭ
قەشقەر مەدرىسىلەردىكى تالىپلار بىلەن ئالاقىسى بار، تالىپلاردىن ئەزا
توپلاش ئوڭاي دېگەن خىيال بىلەن بۇلارنى تاللىغانىدۇق. بۇلارغا ئۇندىن
باشقا يەنە قەشقەردىكى چىن ئەسكەرلىرىنىڭ سانى، كۈچىنى ۋە باشقا
مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ كېلىشنىمۇ تاپشۇرغانىدۇق. ئۇلار
قەشقەردە تەشكىلات قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. باشقا ۋەزىپىلىرىنى ياخشى
ئورۇنداپ ئىنقىلابقا ئۈلگۈرۈپ خوتەنگە قايتىپ كەلدى.
خوتەندىكى ئەزالارنىڭ ئەڭ مۇھىم پائالىيىتى مۇمكىنقەدەر كۆپرەك قورال ۋە
پۇل توپلاش ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا مەخپىي پائالىيەتلىرىمىز تەقدىرگە لايىق
دەرىجىدە داۋام قىلماقتا ئىدى. ئالتە ئاي داۋام قىلغان مەخپىي
پائالىيەتلىرىمىز نەتىجىسىدە، قاراقاشنىڭ پۈتۈن – يېزا كەنتلىرىدە ھەر
قاتلام خەلق ئىچىدىن ئەزا توپلاندى ۋە ھەر ئەزا ئۆزىگە لايىق ۋەزىپىگە
تەيىن قىلىندى. ئىلچى ئەتراپىدىنمۇ خېلى كۆپ كىشىلەر تەشكىلاتىمىزغا
قېتىلدى. دۈشمەننىڭ پۈتۈن ھەرىكەت ۋە مەخپىي ئەھۋاللىرىدىن ھەر كۈن خەۋەر
ئېلىپ تۇرالايدىغان بولدۇق. بۇ مەزگىل ئىچىدە دۈشمەن پائالىيەتلىرىمىزدىن
ھېچ خەۋىرى بولمىدى. شۇنداق قىلىپ، شەۋۋال ئېيى ( 10 – ئاي) غىچە
ئەزالىرىمىزنىڭ سانى ۋە قوراللىرىمىز خوتەن ۋىلايىتىدىكى چىن
قۇۋۋەتلىرىنىڭكىگە تەڭلەشتى.
شەئبان (11 – ئاي) ئايدا، سابىت داموللا ھاجىم سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە،
مىسىر ۋە ھىندىستان ساياھىتىدىن قايتىپ خوتەنگە كەلدى. ساياھەت
خاتىرىلىرىنى ۋە تەسىراتلىرىنى ئاڭلاتتى. مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە
ھىندىستاندا بەزى سىياسىي كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىپ،
شەرقىي تۈركىستاندا بىر مىللىي ئىنقىلاب قوزغالسا، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ
مۇداخىلە قىلىش ئېھتىمالىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنداقلا، خەلقئارا
جامائەتچىلىكى قانۇنلىرىغا قارىغاندا، بىر يۇرتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا
ئارىلىشىش توغرا ئەمەسلىكىنى سۆزلەپ، غۇلجىدا كۆرۈشكەن چىغىمىزدىكى
مەسلىھەتىمىز بويىچە، خوتەندە بىر مىللىي ئىنقىلاب تەشكىلاتى قۇرۇش مەقسىتى
بىلەن ئۇدۇل خوتەنگە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەرتىسى مەن، سابىت داموللا ھاجىمغا تەشكىلاتىمىز ھەققىدە ۋە
مەخپىيەتلىكىمىز ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەدرىم. داموللا ھاجىم بۇلارنى
ئاڭلاپ بەك خۇرسەند بولدى ۋە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشنى تەلەپ قىلدى. مەن
تەشكىلاتىمىزنىڭ مەجلىسىنى چاقىردىم ۋە سابىت داموللا ھاجىمنىڭ تەلىبىنى
ئوتتۇرىغا قويدۇم. پۈتۈن ئەزالار سابىت داموللا ھاجىمنىڭ خوتەن مىللىي
ئىنقىلاب تەشكىلاتىغا ئەزالىققا ئېلىنىشىنى ماقۇللىدى.
سابىت داموللا ھاجىم، رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن قۇرئاندىن دەرس قىلىش
ئەسناسىدا، قۇراننىڭ جىھاد توغرىسىدىكى ئايەتلىرىنى كەڭ – تاشا تەفسىر
قىلىپ، ئومۇمىي خەلق ئىچىدە ئىنتايىن چوڭقۇر بىر تەشۋىقات خىزمىتىنى
ئۈستىگە ئالدى. بۇ تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ خەلق ئىچىدىكى تەسىرى بەك ياخشى
بولۇپ، ئەزا توپلاش ۋەزىپىمىزگە چوڭ ياردىمى بولدى. رامىزان ئېيىنىڭ
ئاخىرىدا تەشكىلاتىمىزغا يەنە بىر مۇھىم كىشى قېتىلدى. بۇ كىشى، خوتەندە
ئەڭ چوڭ دىنىي ۋە مىللىي نوپۇزغا ئىگە بولغان كىشى مۇھەممەد نىياز ئەلەم
ئاخۇنۇم ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ئاي ئىچىدە، ئىنقىلابىي تەشكىلاتىمىزغا
قاتناشقانلارنىڭ سانى ناھايىتى تېز كۆپەيدى. ئەزالىرىمىزنىڭ ھەممىسى
قوراللىق بولمىسىمۇ، 20% ى مىلتىق، قالغىنى قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن
قوراللاندى.
ھىجرى 1351 – يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 5 – كۈنى پەيشەنبە ( 1933 – يىلى 2 –
ئاينىڭ 1 – كۈنى) تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئون سەككىز كىشىلىك ۋەكىللەر
مەجلىسى ئېچىلدى. مەجلىستە مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمنى ھۆكۈمدار
سايلاپ، ھەممىمىز ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدۇق. سابىت داموللا ھاجىم ھۆكۈمدارنىڭ
مەسلىھەتچىسى، مائارىپ، ئەدلىيە ۋە دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل قىلىندى. مەن
ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل بولدۇم. پەيشەنبە كۈنى ئۇرۇش باشلاشقا قارار
قىلىندى.
قراقاش ۋە ئىلچى ھۆكۈمەت ئىدارىلىرى ئىچىدىكى مۇخبىرلىرىمىز دۈشەنبە كۈنى،
ھۆكۈمەت بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى سېزىپ قالغانلىقىنى دەب بىزنى تۇتۇش ئۈچۈن
خوتەندىكى ئەسكەرلەرنى يېتەرلىك ئەمەس دەپ، گۇمىدىكى ئەسكەرلەرنى
چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. گۇمىدىن كېلىدىغان ئەسكەرلەرنىڭ پەيشەنبە كۈنى
يېتىپ كېلىش ئېھتىمالى بار ئىدى. بۇ خەۋەرنى ئېلىپ، يېقىندىكى ئەزالارغا
دەرھال توپلىنىشىنى ئۇقتۇرۇپ، پەيشەنبە كۈنى قاراقاشقا ھۇجۇم قىلىش
قارارىمىزنى ئۆزگەرتىپ، 17 – شەۋۋال دۈشەنبە كۈنى ( مىلادى 1933 – يىلى 2 –
ئاينىڭ 13 – كۈنى) شامى سائەت ئوندا ( ئەتىگەن سائەت بەشتە) ھۇجۇم باشلاشقا
قارار قىلدۇق.
قاراقاش ۋە ئىلچىنىڭ ئازاد بولۇشى
يۇقىرىقى قارارىمىز بويىچە قاراقاشقا ھۇجۇم قىلىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى.
لېكىن، ھۇجۇم باشلاش سائىتىگىچە ئاران 68 كىشى توپلاندى. كۈچىمىزنىڭ
ئازلىقىغا قاراپ، قارارىمىزنى ئۆزگەرتمەي سەھەر سائەت بەشتە ھۇجۇم قىلىشقا
بۇيرۇق قىلدىم. دۈشمەن خەۋەرسىز ھالدا ياتقانلىقتىن ئۇرۇش يېرىم سائەت
داۋام قىلدى. شەنجاڭ (چىنلىق ھاكىم) باشلىق 36 چىنلىق ئۆلتۈرۈلدى ۋە 12 سى
ئىلچىگە قاچتى. قالغانلىرى ئەسىر ئېلىندى. شام ۋاقتىغىچە شەھەر تامامەن
تىنچىپ بولدى.
قاراقاشنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان شەھەر ئىچى ۋە ئەتراپتىن قولىغا
پالتا، كەتمەن ۋە تاماق كۆتۈرۈشۈپ كەلگەن خەلقنىڭ سانى شۇ كۈنى ئاخشامغىچە
ئون مىڭغا يەتتى. كەچ سائەت ئوندا بىرەر مىڭدەك كىشىنى قاراقاش دەريا
بويىغا يوللاپ، ئىلچىدىن كېلىدىغان يولنى كۆزىتىشكە باشلىدۇق. يەنە بىرەر
مىڭدەك كىشىنى چوڭ ئىنىم ئابدۇللاھ ئاخۇن ۋە تەشكىلات ئەزالىرىمىزدىن
ئىسمائىل داموللام باشچىلىقىدا زاۋىغا يوللاپ، گۇمىدىن كېلىدىغان دۈشمەننىڭ
يولىنى توسۇشقا بۇيرۇدۇم. ئەتىسى كۈن، قاراقاشنىڭ تەرتىپ ۋە ئىنتىزام
ئىشلىرىنى ۋە باشقا ئىشلىرىنى رەتكە سېلىش بىلەن ئۆتتى. ئاخشىمى قاراقاش
دەريا بويىدىكى قىسىملارغا ئىلچىگە قاراپ يۈرۈش قىلىشقا بۇيرۇق قىلدۇق.
زاۋىدىكى مۇجاھىدلارمۇ گۇمىدىن كېلىۋاتقان چىن ئەسكەرلىرىگە خەۋەرسىز
ياتقان پەيتتە ھۇجۇم قىلىمىز دەپ، ئىلگىرىلىگەن بولسىمۇ دۈشمەن غاپىل
ئەمەستى. كېچىلەپ يۈرۈپ پىيالمىدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان دۈشمەن، خەۋەرسىز
يېقىنلاشقان مۇجاھىدلارنى تۇيۇقسىز ئوققا تۇتۇپ، نۇرغۇن كىشىنى شېھىت
قىلدى. قوشۇنلىرىمىز پاراكەندە بولۇپ، ئارقىغا چېكىندى. دۈشمەن ئارقىدىن
قوغلاپ كەلدى. ئوتتۇرىدىكى 23 كىلومېتىرلىق چۆلدە يەنە ئىككى يۈزگە يېقىن
مۇجاھىد شېھىت بولدى. مۇجاھىتلار قۇم رابات ۋە تاربۇغاز دېگەن جايلارغا
چېكىنىپ مۇداپىئەدە تۇردى. چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت ئەتراپىدا دۈشمەن يېتىپ
كېلىپ قاتتىق ئۇرۇش باشلاندى. بەزى ئىستىھكاملار دۈشمەن قولىغا ئۆتۈپ
كەتتى. لېكىن، كەچتە مۇجاھىتلار قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ دۈشمەننى قاتتىق
مەغلۇپ قىلىپ قاچۇردى. كېچە قاراڭغۇلۇقىدا ۋە چۆلنىڭ يامان يوللىرىدا
دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلىمىدى. چىن ئەسكەرلىرى شۇ قاچقانچە گۇمىغا كەتتى.
پەيشەنبە كۈنى ئىلچىگە يۈرگەن قىسىملىرىمىز شەھەرگە بىر مىل ئۇزاقلىقتىكى
ئاقتاشقا بارغاندا شەھەردىن بىر بۆلۈك چىن ئەسكەرلىرى چىقتى ۋە ئۇرۇش
بولدى. مۇجاھىتلار مەغلۇپ بولۇپ ئارقىغا چېكىنگەن بولسىمۇ، چىن ئەسكەرلىرى
ئۇلارنى قوغلىماي شەھەرگە قايتىپ كىرىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن دۈشمەننىڭ
كۈچىنى سىناپ خاتىرجەم بولدۇق. ئىلچىنى مۇھاسىرە قىلىش ۋە قەشقەردىن كېلىش
ئېھتىمالى بولغان دۈشمەن قىسمىنىڭ ئالدىنى توسۇش ھازىرلىقىنى باشلىۋەتتۇق.
شەۋۋالنىڭ بەشىنچى (سەيشەنبە) كۈنى ئىلچىگە ئىككى قول بىلەن يۈرۈش قىلدۇق.
بىز
شەھەرگە ھۇجۇم قىلماي، قەشقەردىن كېلىدىغان دۈشمەن قوشۇنىنىڭ ئەھۋالى
ئېنىقلىنىپ بولغۇچە ئىلچىنى شۇ ۋەزىيەتتە ئۇزاقتىن مۇھاسىرىدە تۇتۇپ
تۇرۇشنى قارار قىلدۇق. مەن زاۋىغا چىقىپ قەشقەردىن كېلىدىغان خەۋەرنى
كۈتۈپ، ئۇ يەردە ئەسكەر توپلاشقا باشلىدىم. چارشەنبە كۈنى، قەشقەردىن
ئاساسلىق بىر قوشۇن كەلمىگەنلىكى ۋە يەركەننىڭ بۇ تەرىپىدە دۈشمەن ئەسكىرى
يوقلۇقى مەلۇم بولدى. شۇنىڭ بىلەن چوڭ ئىنىم ئابدۇللا ئاخۇننى ئىلچى
ئالدىنقى سەپ قوماندانى قىلىپ، ئىلچى شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلىشقا ئەۋەتتۇق.
جۈمە كۈنى قىسىملىرىمىز شەھەرنىڭ شىمالىي ۋە غەربىي تەرىپىگە كېلىپ سەپ
تارتتى. چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە چىن ئەسكەرلىرى سېپىلىدىن چىقىپ، ئىككى
توپ بىلەن شىمالدىكى سەپكە ھۇجۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش باشلاندى. ئۈچ
سائەت داۋام قىلغان ئۇرۇشتىن كېيىن، مۇجاھىتلار چىنلىق ئەسكەرلەرنى
قورشىۋالدى. قوماندان باشلىق چىن ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆلدى. قالغان
ئاز بىر قىسمى قېچىپ يېڭى شەھەرگە كىرىۋالدى. توپلار ۋە دۈشمەننىڭ باشقا
قوراللىرى مۇجاھىتلار تەرىپىدىن ئولجا ئېلىندى.
مۇجاھىتلار دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كونا شەھەرنى تامامەن قولغا
چۈشۈردى. بۇ غەلىبە خەۋرىنى ئاڭلاپ، ئەتىسى شەھەردە ئىلچىگە كەلدىم ۋە يېڭى
شەھەرنىڭ مۇھاسىرە ئىشىنى قولۇمغا ئالدىم. زاۋا ئالدىنقى سەپكە ئارقا –
ئارقىدىن ئىككى كىشىنى قوماندان قىلىپ ئەۋەتكەن بولساقمۇ يېتىشەلمىدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، كىچىك ئىنىم نۇر ئەھمەد ئاخۇننى زاۋا ئالدىنقى سەپكە قوماندان
قىلىپ ئەۋەتتىم. خوتەن يېڭى شەھەر تۆت تەرەپتىن قورشاپ قىلىنغان
مۇھاسىرىلەر ئارقىلىق كۈچلەندۈرۈلدى. 13 – زۇلقەئدىگىچە ئۇرۇش داۋام قىلىپ،
ئاخىرى دۈشمەن سۇلھى قىلىش توغرىسىدا ئالاقە باشلىدى. 17 – زۇلقەئدىدە
پەرشەنبە كۈنى بىز تەرەپتىن بىر ھەيئەت سېپىل ئىچىگە ئەۋەتىلدى ۋە كېلىشىم
ھاسىل قىلىندى.
ئەتىسى دۈشمەن قوماندانى ئالدىمغا چىقىپ، پۈتۈن قورال – ياراق، ئات ۋە
ھۆكۈمەت غەزىنىسىنى تاپشۇرۇپ تەسلىم بولۇش شەرتى بىلەن ئۇلارنىڭ جېنى ۋە
مېلىغا تەگمەسلىك ۋە خالىغان دۈشمەن مۇسۇلمان بولۇش دېگەن ماددىلارنى ئۆز
ئىچىگە ئالغان كېلىشىمگە ئىمزا قويدى. ئەتىسى قورال ۋە غەزىنە تاپشۇرۇپ
ئېلىندى. چىنلىقلار بىر تەرەپتىن ئۆلىمالارنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇسۇلمان
بولۇشقا باشلىدى.
بۇ
ۋاقىتتا، بۇرۇنقى خوتەن ۋالىيسى يەن دوتەينىڭ باشچىلىقىدا قەشقەر، يەركەن،
قاغىلىق ۋە گۇمىدىن زور بىر چىن قوشۇننىڭ توپلانغانلىقى ۋە گۇمىدىن خوتەنگە
قاراپ يولغا چىققانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلدى. خوتەندە قولغا چۈشۈرۈلگەن
مىلتىق ۋە ئوق – دورىنى مۇجاھىدلارغا تارقىتىپ، 650 كىشىلىك بىر قىسىمنى
مەۋلىۋى سىبغەتۇللاھ قوماندانلىقىدا دەرھال زاۋىغا يوللىدۇق. زاۋا ئالدىنقى
سەپ قوماندانى نۇر ئەھمەد ئاخۇن، ئۇرۇش مەيدانىدا بولۇشۇمنى ئىلتىماس
قىلدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەتىسى زاۋىغا كەلدىم. بۇ چاغدا دۈشمەن قۇم راباتتىكى
قاراۋۇل قىسىملىرىمىز بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشكەنىكەن. مەن دەرھال قۇم راباتقا
كەلدىم. كەچ سائەت بەشكىچە شىددەتلىك ئۇرۇش داۋام قىلدى ۋە ئاخىرى دۈشمەن
قاچقىلى باشلىدى114. ئاتلىق قىسىملىرىمىز دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ ئاق
لەڭگەرگىچە بېرىپ، كېچە قاراڭغۇلۇقىدا ئىلگىرىلىيەلمەي قايتىپ كەلدى. پۈتۈن
قىسىملىرىمىزنى تاربۇغاز بازىمىزغا توپلىدىم.
شۇنىڭ بىلەن قەشقەردىن قەشقەردىن كېلىدىغان دۈشمەن ھۇجۇمىدىن خاتىرجەم
بولدۇق. ھۇجۇمغا ئۆتۈش نۆۋىتى بىزگە كەلگەنىدى. بۇ ئارىدا خوتەن
ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي ناھىيىلىرىدىكى خەلق ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ چىرىيە ۋە
كېرىيە شەھەرلىرىنى پەتھى قىلىپ، خوتەن ھۆكۈمىتىگە بەيئەت قىلدى. بىزنىڭ ئۇ
يەرلەرگە ئەسكەر ئەۋەتىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى.
قۇم
رۇبات ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ قاچقان يەن دوتەي بىلەن ئەسكەرلىرى گۇمىغا
يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، گۇمىدا «خوتەن ئىنقىلابچىلىرى چىن ئەسكەرلىرىنى
پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىپتىمىش» دېگەن سۆز تارقىلىدۇ. بۇ خەۋەر بىلەن
ھاياجانغا كەلگەن گۇما خەلقى قوزغىلىپ، بىر كېچىدە شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ
شەھەرنى قولغا ئالىدۇ. ئۈچىنچى كۈنى يەن دوتەي ئەسكەرلىرى بىلەن قېچىپ
گۇمىغا كەلگەن. بۇنى كۆرگەن خەلق ھېلىقى خەۋەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئۇقۇپ
شەھەرنى تاشلاپ قاچتى. دۈشمەن، شەھەردە قالغان خەلقنى قىرغىن قىلىپ، يۈز
ئەللىك كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، بۇلاڭ – تالاڭ قىلدى ۋە شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى. شۇ
چاغدا، قەشقەردىن يەن دوتەينىڭ ياردىمىگە ئەۋەتىلگەن قىرغىز توپچى قىسىم
ئەسكەرلىرى قاغىلىققا كېلىپ، ئۇ يەردىن گۇمىغا يۈردى. بۇ قىسىم شەھەردىن
كەتكەندىن كېيىن، قاغىلىق خەلقى قوزغىلىپ شەھەرنى قولغا ئالدى. قىرغىز
ئەسكەرلىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئۇلارغا بەشئېرىقتا قاتتىق زەربە بېرىپ
مەغلۇپ قىلدى. ئەسكەرلەر ئەسىر ئېلىندى ۋە پۈتۈن توپ ۋە ئوق – دورىلار
مۇجاھىدلارنىڭ قولىغا چۈشتى. بۇنى ئاڭلىغان يەن دوتەي قاتتىق ئالاقزادە
بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ قېچىشتىن باشقا چارىسى قالمىدى. گۇمىدىكى ئەسكەرلىرىنى
ۋە چىنلىقلارنى ئېلىپ، تاغ يولى بىلەن يەركەنگە قاچتى. يول ئۈستىدە خەلق
ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ ھۇجۇم قىلىپ ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. يەن دوتەيمۇ
ئالدىغا ئۇچرىغاننى ئۆلتۈرۈپ، كەنتلەرگە ئوت قويۇپ مىڭ تەسلىكتە يەركەنگە
يېتىپ بارالىدى.
گۇما
پاجىئەسىنى ئاڭلاپ، 1933 – يىلى 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى نۇر ئەھمەد ئاخۇن ۋە
سىبغەتۇللاھ مەۋلىۋىنى، ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن گۇما ۋە قاغىلىقتىكى
مۇجاھىدلارنىڭ ياردىمىگە ئەۋەتتۇق. بۇلار يېتىپ بارغىچە، يەن دوتەي
يەركەنگە كەلگەنىكەن. قەشقەردىن ئۇنىڭغا ياردەم ئۈچۈن خېلى كۆپ ئەسكەر
كېلىپ، يەركەندە زور بىر دۈشمەن قوشۇنى توپلانغان. قىسىملىرىمىز قۇربان
ھېيت كۈنى قاغىلىققا باردى. بۇ ئەسنادا پوسكام خەلقى قوزغىلىپ شەھەرنى
پەتھى قىلىپ، قاغىلىق مۇجاھىتلار بىلەن بىرلىكتە يەركەن دەرياسى بويىغا
توپلانغانىدى. نۇر ئەھمەد ئاخۇن ئۆز بىر قىسىم ئەسكەرلىرى بىلەن قاغلىقتا
قېلىپ، مەۋلىۋى سىبغەتۇللاھ قوماندانلىقىدا يەركەنگە ئەسكەر يوللىدى. بۇلار
يەركەن شەھىرىنى ئوڭايلا ئالغان بولسىمۇ، يېڭى شەھەرنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق
ئۇرۇش بولدى. بۇ ئۇرۇشتا مەۋلىۋى سىبغەتۇللاھ شېھىت بولدى. لېكىن،
مۇجاھىتلار تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ دۈشمەننى چېكىندۈردى. مەغلۇپ بولغان
دۈشمەن يېڭى شەھەر سېپىلىغا كىرىۋالدى. نۇر ئەھمەد ئاخۇن بۇنى ئاڭلاپ،
دەرھال قاغىلىقتىن يەركەنگە يۈرۈش قىلىپ، يېڭى شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالدى.
يەركەنگە ياردەم قوشۇنى ئەۋەتىپ بولغاندىن كېيىن، ئىلچى شەھىرىنى پايتەخت
قىلىشنى قارار قىلدۇق. ھىجرى 1350 – يىلى زۇلھەججىنىڭ 5 – كۈنى ( مىلادى
1933 – يىلى 4 – ئاينىڭ 11 – كۈنى) ئىنقىلابى تەشكىلاتنىڭ مەركىزى
قارىقاشتىن خوتەن ئىلچى شەھىرىگە يۆتكەپ كېلىندى. ئەتىسى خوتەننىڭ
كاتتىلىرى يېڭىۋاشتىن مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمغا بەيئەت قىلدى ۋە ئۇنى
«مىلىك» ئۇنۋانى بىلەن ھۆكۈمدار ئېلان قىلدى (خەلق ئىچىدە مىلىك ھەزرىتىم
دەپ ئاتالدى). شۇنىڭ بىلەن خوتەن ھۆكۈمىتى رەسمىي قۇرۇلدى.
يەركەندىكى چىن قۇۋۋەتلىرى كۆپ ۋە يەركەن يېڭى شەھەر سېپىلى بەك چوڭ ۋە
مۇستەھكەم بولغانلىقى ئۈچۈن، يەركەنگە يەنە ياردەم قوشۇن ئەۋەتىش لازىم
بولدى. زۇلھەججىنىڭ 20 – ( 4 – ئاينىڭ 26 –) كۈنى، ئابدۇللاھ ئاخۇننىڭ
قوماندانلىقىدا يەركەنگە يەنە بىر مىقدار ئەسكەر ئەۋەتتۇق.
يەركەننىڭ پەتھى
نۇر
ئەھمەد ئاخۇن يەركەنگە كەلگەندىن كېيىن، يەركەننىڭ يېڭى شەھەر سېپىلىدىن
باشقا پۈتۈن شەھەر خوتەن ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولغانىدى. ئابدۇللاھ ئاخۇننىڭ
يەركەنگە كېلىشى بىلەن يېڭى شەھەر مۇھاسىرىسى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى. مېنىڭ بۇ
ئىككى ئىنىمغا خوتەن ھۆكۈمدارى تەرىپىدىن « ئەمىر » ئۇنۋانى بېرىلدى. خەلق
ئارىسىدا ئابدۇللاھ ئاخۇن «ئەمىر ساھىپ» ۋە نۇر ئەھمەد ئاخۇن «شاھ مەنسۇر»
دېگەن ئۇنۋان بىلەن مەشھۇر بولدى 115. مەن بۇ كىتابىمدا ئۇلارنى «ئەمىر»
ئۇنۋانلىرى بىلەن ئاتايمەن. ماجەنسا مارالبېشىغا كەلگەندە، مارۇلۇنە لەنجاڭ
(يۈز بېشى) نى يۈزگە يېقىن تۇڭگان ئەسكىرى بىلەن كۆرۈنۈشتە ياردەم ئۈچۈن،
ئەمەلىيەتتە بولسا جاسۇسلۇق قىلىش ۋە يەركەننىڭ ئولجا – غەنىمەتلىرىگە
شېرىك بولۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەنىدى. ئەمىر ئابدۇللاھ ۋە ئەمىر نۇر ئەھمەد بۇ
تۇڭگانلارنى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرماي، «مېھمان» سۈپىتىدە كۆزىتىش ئاستىدا
تۇتۇپ، بۇلارنى قەشقەرگىمۇ ماڭغۇزماي تۇردى.
بۇ
چاغدا ئەمىر ئابدۇللاھ قەشقەرگە بىر ھەيئەت ئەۋەتىپ، تۆمۈر سىجاڭنىڭ
غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن ۋە ئادىمىگەرچىلىك قىلىپ، ھەر ئىشتا ئۆز ئارا
ياردەملىشىپ تۇرۇشنى ئېيتقانىكەن. تۆمۈر سىجاڭ بۇنى ياردەم تەلەپ قىلىش دەپ
چۈشىنىپ، ھاپىز تەنجاڭنى ئۈچ يۈز ئەسكەر بىلەن ئەۋەتىپتۇ. بۇ ئىشتىن خوتەن
ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچ خەۋىرى يوقتى.
بىر
تەرەپتىن يەركەن مۇھاسىرىسى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتتى ۋە يەنە بىر تەرەپتىن
قەشقەردىكىلەر بىلەن ئارىمىزدا بىر سىياسىي ئۇقۇشماسلىق پەيدا بولۇپ
قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭ ياكى سابىت داموللا
ھاجىمنىڭ يەركەنگە بېرىشىنى مۇۋاپىق كۆردۇق. چۈنكى، بىز خوتەندە تۇرۇپ،
ئەمىر ئابدۇللاھ (25 ياش) ۋە ئەمىر نۇر ئەھمەد (22 ياش) لەرنىڭ ياشلىق
سەۋەبىدىن بىر كەمچىلىك ئۆتۈپ قالغانمىكىن دەپ گۇمان قىلغانىدۇق.
مىلىك (مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم) نىڭ تەستىقى بىلەن، خوتەن ھۆكۈمىتى
نامىدىن سابىت داموللا ھاجىم بۇ ۋەزىپىگە تەيىن قىلىندى. داموللا ھاجىم،
سەپەر ئېيىنىڭ 4 – كۈنى ( مىلادى 1933 – يىلى 5 – ئاينىڭ 29 – كۈنى) يولغا
چىقتى. داموللا ھاجىم يەركەنگە بېرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن يەركەندىكى
چىنلىقلار سۈلھى قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، خوتەندىكى شەرتلەرگە ئوخشاش شەرتلەر
ئاستىدا تەسلىم بولۇشنى قوبۇل قىلىپ، كېلىشىم تۈزۈلگەنىدى.
سابىت داموللا ھاجىمنىڭ يەركەنگە يېقىنلاشقانلىق خەۋىرىنى ئېلىپ، يەركەننىڭ
مۇھاسىرىسىگە مەسئۇل بولغان قوماندانلىرىمىزنىڭ كۆپى داموللا ھاجىمنى
مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىش ئۈچۈن شەھەر سىرتىغا چىقىپتۇ. يەركەندىكى
قىسىملىرىمىزمۇ قوماندانسىز قاپتۇ. بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن
تۇڭگانلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، دەرھال ياراغلىنىپ يېڭى شەھەر تەرىپىگە
قېچىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسقان ئەسكەرلىرىمىزدىن بىر قانچىسىنى شېھىت
قىلىپ، يېڭى شەھەر سېپىل ئىچىدىكى چىنلىقلارنىڭ يېنىغا كىرىۋالىدۇ. سېپىل
ئىچىدىكى تەسلىم بولماقچى بولغان چىنلىقلارنى ئازدۇرۇپ، «قەشقەردە ماجەنسا
نۇرغۇن ئەسكەر بىلەن تۇرۇۋاتىدۇ، يېقىندا يەركەنگە كەلمەكچى» دەپ، ئۇلارنى
سۈلھى قىلىشتىن ۋازكەچتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇرۇش باشلاندى.
تۇڭگانلارنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن غەربىي دەرۋازىدىكى مۇجاھىدلارنىڭ ئۈستىگە
ۋە بىر قېتىم كونا شەھەرگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ كۆپ چىقىمغا ئۇچراتتى.
لېكىن، بۇ ئىككىلا ھۇجۇمدا دۈشمەن مەغلۇپ بولۇپ يەنە سېپىلغا قامالدى.
مۇھاسىرە بۇ شەكىلدە يەنە ئون بەش كۈن داۋام قىلغاندىن كېيىن، تۇڭگانلارنىڭ
سۆزى يالغان چىققانلىقىدىن چىنلىقلار يەنە سۈلھى تەلەپ قىلدى. چىنلىقلار ۋە
تۇڭگانلار پۈتۈن قوراللىرىنى ۋە غەزىنىنى تاپشۇرۇش، پەقەت ئات – قامچا
بىلەن قەشقەرگە كېتىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنىش شەرتى بىلەن كېلىشىم
ئىمزالاندى.
شۇنداق قىلىپ، 1933 – يىلى 6 – ئاينىڭ 17 – كۈنى يەركەن بىزنىڭ قولىمىزغا
ئۆتتى.
ئەتىسى، چىنلىقلار ۋە تۇڭگانلار بۇ كېلىشىمگە خىيانەت قىلىپ، قورال ۋە
غەزىنىنىڭ كۆپرەك قىسمىنى يوشۇرۇۋېلىپ، ئۆزى بىلەن قەشقەرگە ئېلىپ كەتمەكچى
بولغانلىقى مەلۇم بولۇپ قالدى. ئەمىر ئابدۇللاھ بۇلارنى بىلمەسلىككە سېلىپ،
تۇڭگان ۋە چىنلىقلارنىڭ سېپىلدىن چىقىپ قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىشىغا
رۇخسەت قىلدى. شۇنداقلا، تۆمۈر سىجاڭغا ئەھۋالدىن خەۋەر بېرىپ، بۇلارنى
يولدا يوقىتىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. 6 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئىككى مىڭغا
يېقىن چىنلىق ۋە تۇڭگان قەشقەرگە قاراپ ماڭدى.
ئارقىسىدىن ئەمىر نۇر ئەھمەد مىڭ كىشى بىلەن قوغلاپ، ئاق رابات بىلەن
قىزىلنىڭ سېيىدا ئارقىسىدىن يېتىشتى. ئۇرۇش باشلىنىپ، دۈشمەننىڭ كۆپ قىسمى
ئۆلتۈرۈلدى ۋە ئەسىرگە ئېلىندى. قالغانلىرى قېچىپ قىزىلغا بارغاندا تۆمۈر
سىجاڭ بۇلارنى توشۇشقا ئەۋەتكەن تۆت يۈز كىشىلىك قۇۋۋەت يېتىپ كېلىپ،
دۈشمەننى ئىككى تەرەپتىن قورشاپ يوقاتقىلى باشلىدى. تۇڭگانلارنىڭ قوماندانى
مارۇلۇڭ ئەسىر ئېلىندى. بۇ يەردىن قېچىپ قۇتۇلغانلارنى يېڭىساردا ئەھمەتخان
تەنجاڭ تامامەن يوقاتتى. پەقەت بىر تۈڭگان قېچىپ قۇتۇلۇپ قەشقەردىكى
ماجەنساغا ۋەقەنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن يەركەن ۋىلايىتى تولۇق پەتھى
بولۇپ، رەسمىي خوتەن ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولدى.
4 –
پەسىل
قاراشەھەر، كورلا، كوچا، ئاقسۇ ۋە قەشقەر ۋەقەلىرى
يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتۈلگىنىدەك، ماشىمىن قاراشەھەرگە كەلگەندىن كېيىن،
كورلىدىكى چىن ئەسكەرلىرى ۋە چارقىلىق بىلەن لوپنۇردىن قېچىپ كەلگەن چىن
ئەسكەرلىرى كورلىغا يىغىلىپ، خېلى كۈچلۈك بىر قوشۇن توپلىنىپ تۇرغانىدى.
توختى بەگ شەۋۋال ئېيىنىڭ ئاخىرىدا كورلىغا ھۇجۇم قىلدى. قاتتىق جەڭدىن
كېيىن، شەھەرنى ئېلىپ چىن ئەسكەرلىرىنى سېپىل ئىچىگە مۇھاسىرە قىلدى.
مەغلۇپ بولغان چىن قوماندانى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. باشلىقسىز قالغان چىن
ئەسكەرلىرى ئىنقىلابچىلارغا تەسلىم بولدى. ماشىمىن، 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى
مالۇجاڭ دېگەن تۇڭگان ۋە تۆمۈربەگ دېگەن كۇچالىق (ئەسلى تۇرپانلىق) تۈرك
قوماندانلارنىڭ باشچىلىقىدا كۇچاغا ئەسكەر يوللىدى. بۇلار كېلىشى بىلەن
كوچا خەلقى قوزغالدى. ئىككى تەرەپ بىرلىشىپ، چىن ئەسكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ
سېپىل ئىچىدە مۇھاسىرىگە ئالدى. 3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى سېپىلنىمۇ ئالدى.
ئاندىن كېيىن، ماشىمىن ماجەنسانىڭ قوماندانلىقىدا بىرەر مىڭ تۇڭگان
ئەسكەرنى كۇچاغا ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىن ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىشنى بۇيرۇدى.
ماجەنسانى باش قوماندان ۋە ئەسلىدىكى كوچا ۋاڭىنى ھاكىم قىلدى. بۇ ئارىدا
ماشىمىن ۋە مالۇجاڭ خوتەنگە بەزى مەنىسىز تەشۋىق بىلەن خەت ئەۋەتكەنىدى.
بىز
ئۇلارنىڭ خەتلىرىگە مۇناسىپ جاۋاب بەرگەنىدۇق. تۇڭگانلار بىزگە ھەسەت بىلەن
مۇئامىلە قىلسىمۇ، ۋاڭ بەگ بىزگە يوشۇرۇن ھالدا بەك ياخشى مۇئامىلىدە
بولدى. 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ماجەنسا ئاقسۇغا يۈرۈش قىلدى. قارا يۇلغۇن
دېگەن جايغا كەلگەندە ئاقسۇ دوتىيى ئەسكەر بىلەن كېلىپ قاتتىق ئۇرۇش بولدى.
تۇڭگانلار قېچىشقا تەييارلىنىپ تۇرغان بىر پەيتتە تۈرك قىسىملىرىنىڭ
قوماندانى تۆمۈربەگنىڭ غەيرەت بىلەن قىلغان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە چىنلىقلار
مەغلۇپ بولۇپ قاچتى. دوتەي قېچىپ كېتىۋېتىپ، جام كەنتىدە بازارغا كەلگەن
بىگۇناھ خەلقتىن بىرەر يۈزدەك كىشىنى ئۆلتۈرۈپ ئاقسۇغا كەلدى. ئۇ يەردىمۇ
تۇرالماي ئاقسۇق شەھىرىگە كېلىپ، ئەسكەرلىرىنى توپلاپ تۇردى.
ماجەنسا ئاقسۇنى ئۇرۇش قىلمايلا ئالدى ۋە ئىككى كۈندىن كېيىن ئاقسۇققا
ھۇجۇم قىلدى. ئاقسۇ دوتىيى تاقابىل تۇرالماي قەشقەرگە قاچتى. شەھەردە
قالغان چىنلىقلار ئازراقلا قارشىلىق كۆرسىتىپ تەسلىم بولدى. ئاقسۇ خەلقى
يۇرت كاتتىلىرىدىن بىرى بولغان ئىسمىل باي ئىسىملىك كىشىنىڭ رەھبەرلىكىدە
قوراللىنىپ، ئاقسۇق ئۇرۇشىغا قاتناشتى ۋە چوڭ خىزمەتلەر كۆرسەتتى.
ماجەنسا ئاقسۇغا كېلەر – كەلمەي ياردەمچىسى «جۇ فۇگەن» دېگەننى بىر خەت
بىلەن خوتەنگە ئەۋەتتى. جۇ فۇگەن 4 – ئاينىڭ 9 – كۈنى خوتەنگە كەلدى.
خەتتە، بىزدىن «خوتەندە قانچىلىك قورال – ياراق بار؟ غەزىنىدە قانچىلىك
بايلىقىڭلار بار؟» دېگەنگە ئوخشاش بىر قانچە مەنىسىز سوئال سورالغانىدى.
ماجەنسانىڭ ئەسلى مەقسىتى، جۇ فۇگەن ئارقىلىق خەۋەر ئىگىلەش ئىكەنلىكى
ئوچۇق بىلىنىپ تۇراتتى. بىزمۇ ئۇنىڭغا يارىشا بىر ئاز ئادىمىگەرچىلىك قىلىپ
جاۋاب يېزىپ، ئادەتتىكى بىر ھەيئەتتىن ئەۋەتىپ، ئۇ تەرەپتىكى ئەھۋالنى تىڭ
– تىڭلىدۇق. مانا، بۇ خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ تۇڭگانلار بىلەن قىلىشقان
ئالاقىسىمۇ شۇنچىلىكلا بولدى.
ماجەنسا 4 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تۆمۈربەگنى ۋە بىر قىسىم تۇڭگان ئەسكەرلىرىنى
قەشقەرگە يوللىدى. قەشقەر ۋالىيسى ما دوتەي ئەسكەرلىرىنى ئىككىگە ئايرىپ،
بىر قىسمىنى يەركەنگە يوللىدى ۋە يەنە بىر قىسمىنى مارالبېشىنىڭ شىمالىدىكى
ناھايىتى مۇستەھكەم تەبىئىي ئىستىھكام شارائىتىگە ئىگە «تۇمشۇق تاغ» ۋە
«ئوقۇر مازار تاغ» دېگەن يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قەشقەر
تاغلىرىدىكى قىرغىزلاردىن بىرەر مىڭدەك ئەسكەر ئېلىپ ئۇلارنىمۇ شۇ يەردە
تۇرغۇزۇپ، ماجەنسانىڭ ئالدىنى زور بىر قوشۇن بىلەن توسۇپ تۇردى. تۆمۈربەگ
ۋە تۇڭگانلار تۇمشۇق تاغقا كەلدى. بىر قانچە قېتىم ئۇرۇش بولدى. يىگىرمە
بەش كۈن داۋام قىلغان ئۇرۇشتىن بىر نەتىجە چىقماي، ئاخىرى ماجەنسا ئىسمائىل
بەگنى ئاقسۇغا ۋالىي ۋە مالۇجاڭنى ئەسكەرلەرگە قوماندان قىلىپ تەيىنلەپ
قويۇپ، ئۆزى 5 – ئاينىڭ 5 – كۈنى پۈتۈن كۈچىنى ئېلىپ تۇمشۇق تاغقا قاراپ
يۈرۈش قىلدى. ماجەنسا تۇمشۇق تاغقا كەلگۈچە، مارالبېشى ۋە سېرىق بۇيا خەلقى
قوزغىلىپ چىن ئەسكەرلىرىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلدى. ئالاقزادە بولۇپ
كەتكەن چىن ئەسكەرلىرى قاچتى. چىن ئەسكەرلىرى ئىچىدىكى قىرغىز ئەسكەرلەر
ئوسمان ئەلى بەگ ۋە خوش مۇھەممەد بەگلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن چىنلىقلاردىن
ئايرىلىپ چىقتى ۋە قەشقەرگە ماڭدى. بىر ھەپتە داۋام قىلغان ئۇرۇشتىن كېيىن،
ما دوتەينى مەغلۇپ قىلىپ قەشقەر كونا شەھەرنى پەتھى قىلدى.
مارالبېشىدا ماجەنساغا قارشى قاتتىق مۇداپىئە قىلىپ تۇرۇۋاتقان چىن
ئەسكەرلىرى يۇقىرىقى خەۋەرنى ئاڭلاپ، پاراكەندە بولۇپ قاچتى. نۇرغۇن چىن
ئەسكىرى قوماندانى بىلەن بىللە تۆمۈربەگكە ئەسىر چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن
ماجەنسا ھېچبىر توسالغۇسىز قەشقەرگە كەلدى. ماجەنسا كۈچ جەھەتتىن ئۈستۈن
بولغانلىقتىن قىرغىزلار ئۇنىڭغا بويسۇندى. نەتىجىدە، قەشقەر تۇڭگانلارنىڭ
قولىغا ئۆتتى. قەشقەر يېڭى شەھەر مۇھاسىرىگە ئېلىندى. مەنىۋى جەھەتتىن
ئىنتايىن چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن چىنلىقلار، قارشى چىقماي تەسلىم بولدى ۋە
ئاخىرى قەشقەر يېڭى شەھەرمۇ ئېلىندى.
5 –
ئاينىڭ 20 – كۈنلىرى ئەتراپىدا قەشقەر تامامەن تىنچىدى. بۇ ئارىدا، قەشقەر
خەلقى، قىرغىز ۋە مۇھاجىر ئۆزبېكلەردىن بولۇپ بىر نەچچە مىڭ كىشى ئۆز
قىزغىنلىقى بىلەن مۇجاھىتلار سېپىگە قېتىلىپ، تۆمۈربەگ ۋە ئوسمان ئەلى
بەگلەرنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا بىرلەشتى.
تۇرپان ئىنقىلابىدىن تارتىپ، تۇڭگانلار ئۇرۇشتا ئالدىنقى سەپكە تۈركلەرنى
تۇرغۇزۇپ، ئۆزلىرى سەپنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ كەلگەنىدى. دۈشمەن تۈركلەر بىلەن
ئېلىشىپ مەغلۇپ بولۇپ قاچقاندىن كېيىن، تۇڭگانلار ئالدىغا ئۆتىۋېلىپ، ئولجا
ۋە دۈشمەننىڭ قورال – ياراقلىرىنى ئۆزلىرى ئېلىشقا باشلايتتى. ھۆكۈمدارلىق
ۋە ھوقۇقنىڭ ھەممىسى تۇڭگانلارنىڭ قولىدا ئىدى. پۈتۈن پىداكارلىقنى
قىلىدىغان تۈركلەرگە ھېچ نېسىۋە بېرىلمەيتتى. بەش مىڭدىن كۆپرەك ئەسكىرى
بولغان تۆمۈربەگنىڭ ھەربىي ئۇنۋانى « تۈۋەنجاڭ » يەنى تۈركچە «مىڭ بېشى»
ئىدى. تۆمۈربەگ ۋە قول ئاستىدىكىلەر تۇڭگانلارنىڭ بۇ ئىنساپسىزلىقىغا ۋە
ۋەزىيەتنىڭ ئىنچىكىلىكىدىن ئىلاجسىز سەۋرى قىلىپ كەلگەنىدى. قەشقەر
ئېلىنغاندىن كېيىن، تۇڭگانلار تۆمۈربەگنى بىر ئاز خۇش قىلىشنى ھېس قىلىشتى
ۋە تۆمۈربەگنى بىر دەرىجە ئۆستۈرۈپ «لۇجاڭ» قىلىپ قويدى. تۆمۈربەگنىڭ
ئادەملىرىدىن ھاپىز، ئەھمەدبەگ، ھەمدەمبەگ، كىچىك ئاخۇن، ئوسمان ئەلى ۋە
خوش مۇھەممەدلەرنىمۇ بىر دەرىجىدىن ئۆستۈرۈپ «تۈۋەنجاڭ» قىلىپ قويدى.
ئەمما، بايلىقى ناھايىتى كۆپ بولغان قەشقەر غەزىنىسىدىن ۋە ئولجا ئېلىنغان
قورال – ياراقتىن تۆمۈربەگكە قانائەتلەنگىدەك نېسىۋە بەرمىدى. تۈركلەر ھەر
نەرسىدە ئوخشاش ھەققىمىز بار دەپ داۋا قىلدى ۋە ئوتتۇرىدا توقۇنۇش چىقتى.
نەتىجىدە، 5 – ئاينىڭ ئاخىرىدا تۇڭگانلار مەغلۇپ بولۇپ قېچىپ، يېڭى شەھەر
سېپىل ئىچىگە كىرىۋالدى. تۆمۈربەگ سىجاڭ يەنى «ئارمىيە قوماندانى» ئۇنۋانى
بىلەن ئۆزىنى قەشقەرگە ھۆكۈمدار ئېلان قىلدى. لېكىن، تۆمۈر سىجاڭ
تۇڭگانلارنى جىددىي تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلماي، شۇنچىلىكى بىلەن قانائەتلەندى.
كېيىنچە تۇڭگانلاردىن ئېلىنغان بىر مەلۇماتقا قارىغاندا، ئەگەر تۆمۈر سىجاڭ
تۇڭگانلارنى قاتتىقراق بىر مۇھاسىرىگە ئالغان بولسا، تۇڭگانلار پۈتۈن
قوراللىرىنى تاشلاپ تەسلىم بولۇشقا تەييار بولغانىكەن. تۆمۈر سىجاڭ بۇ
ھەقتە نېمە دەپ ئويلىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمەن. ئەمما، تۆمۈر سىجاڭغا
يېقىن بىر كىشىنىڭ ماڭا ئېيتىپ بەرگىنىگە قارىغاندا، «قاراشەھەردە
تۇڭگانلارنىڭ كۈچى كۆپ. بىز تۇڭگانلارنى بۇنىڭدىن بەكرەك ئەزسەك،
قاراشەھەردىكى تۇڭگانلار كېلىپ بېشىمىزغا بالا بولىدۇ» دەپ ئېيتقان. يەنە
بىرسىنىڭ سۆزلەپ بەرگىنىگە قارىغاندا، تۆمۈر سىجاڭ، «قىرغىز ۋە خوتەنلىكلەر
بىلەن ئارىمىز بۇزۇلۇپ قالسا، مەن تۇڭگانلار بىلەن ئەپلىشىپ ئۇ ئىككىسىنى
مەغلۇپ قىلىمەن» دېگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، خوتەنلىك بىر كىشىگە، «تۇڭگانلار
بىلەن ئۇرۇشىمەن دەپ ئەسكىرىمنى زايە قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلار
مۇھاسىرىگە ئېلىندى. ئاچلىق ۋە باشقا قىيىنچىلىققا چىدىيالماي، بىر كۈنى
تەسلىم بولماقتىن باشقا چارىلىرى يوق» دەپ ئېيتىپ بەرگەنىكەن. تۆمۈر
سىجاڭنىڭ تۇڭگانلارغا قارىتا تۇتقان سىياسىتىدىكى بۇ خاتا ھېسابنىڭ
ئازادلىق كۆرۈشىمىز ئۈچۈن بەرگەن زەربىسىنى ئۆلچەشنى، شەرقىي تۈركىستان
تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچىلارغا ھاۋالە قىلىمەن. تۆمۈر سىجاڭنىڭ بۇ ھەرىكىتى
نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ھادىسىلەرنى تۆۋەندە يېرى كەلگەندە سۆزلەپ
ئۆتىمەن.
5 –
پەسىل
ئالتاي، چۆچەك ۋە غۇلجا ئىنقىلابلىرى
شىرىپخان ئالتاي قازاقلىرىنىڭ يەرلىك بەگلىرىدىن بولۇپ، كىچىك چېغىدا چىنچە
مەكتەپتە ئوقۇغانىدى. ئالتاينىڭ بەزى جايلىرىدا شەنجاڭ (ھاكىم) بولغان ۋە
قازاقلار ئىچىدە ئىناۋىتى يۇقىرى ئىدى. يۇقىرىدا بايان قىلىپ
ئۆتكىنىمىزدەك، بارىكۆل قازاقلىرى ئىنقىلاب قوزغىغاندا، جىن شۇرىن قازاق
بەگلىرىدىن گۇمانلىنىپ، بىر قانچە قازاق بەگلىرىنى ئالداپ ئۈرۈمچىگە
چاقىرىپ قاماققا ئالغانىدى. شىرىپ خانمۇ شۇ قاماققا ئېلىنغانلار ئىچىدە
ئىدى.
3 –
4 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، شىرىپ خان بىر ھىيلە ئىشلىتىپ تۈرمىدىن قېچىپ
ئالتايغا بېرىپ، يېقىنلىرىنى يىغىپ ئالتاي دوتىيى بىلەن ئۇرۇشتى. ۋىلايەت
مەركىزى سارسۇمبىدىن باشقا ئالتاينىڭ پۈتۈن جايلىرىنى ۋە يايلاقلىرىنى
تارتىۋالدى. ما جۇڭيىڭ ئىككىنچى قېتىم قۇمۇلغا چىققاندا 200 – 300 تۇڭگان
ئەسكىرىنى بارىكۆل يولى بىلەن ئالتايغا ئەۋەتكەن. بۇ ئىش شىرىپ خاننىڭ ما
جۇڭيىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلىشى بىلەن بولۇپ – بولمىغانلىقى نامەلۇم. شىرىپ
خان ما جۇڭيىڭ ئەۋەتكەن ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىشىپ سارسۇمبىغا ھۇجۇم قىلىپ،
دوتەينى مەغلۇپ قىلىپ شەھەرنى ئالدى. دوتەي رۇسىيە تەرىپىگە قېچىپ كەتتى.
شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئالتاي شىرىپ خاننىڭ قولىغا ئۆتۈپ، 6 – ئاينىڭ ئاخىرىدا
شىرىپ خان مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، شىرىپ خان بىر نەچچە
يۈز قازاق ۋە 200 تۇڭگاندىن تەركىپ تاپقان بىر قوشۇننى چۆچەك چېگرىسىدا
تۇرغۇزدى ( 23 – خەرىتىگە قاراڭ ).
شىرىپ خاننىڭ ئەسكەرلىرى چېگرىغا كەلگەندىن كېيىن، دۇربىلجىن شەھىرى خەلقى
ئىچىدە،
«شىرىپ خان نۇرغۇن ئەسكەر بىلەن چۆچەك ۋىلايىتىنى پەتھى قىلىش ئۈچۈن
كەپتۇ!» دېگەن سۆز تارقىلىپ، دۇربىلجىن خەلقى بىردىن قوزغالدى ۋە شىرىپ
خاننىڭ چېگرىدىكى ئەسكەرلىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ ياردەم تەلەپ قىلدى. ئۇ
ئەسكەرلەرمۇ دەرھال كېلىپ دۇربىلجىنغا ھۇجۇم قىلدى. چىن ئەسكەرلىرى مەغلۇپ
بولۇپ چۆچەككە قاچتى ۋە دۇربىلجىن ئىنقىلابچىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. بۇ خەۋەر
چۆچەكتە، «شىرىپ خان كېلىپ دۇربىلجىننى پەتھى قىلىپتۇ!» دەپ تارىلىپ، 1933
– يىلى 7 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا چۆچەك خەلقى بىردىن ئىنقىلاب قوزغاپ چىقتى.
شەھەردىكى چىن ئەسكەرلىرى مەغلۇپ بولۇپ، شەھەرنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى
مۇستەھكەم سېپىلغا كىرىۋالدى. ئىنقىلابچىلار سېپىلنى مۇھاسىرىگە ئالدى. بۇ
ھالەتتە تۇرغاندا دۇربىلجىندىكى ئەسكەرلەرمۇ يېتىپ كەلدى. چۆچەك خەلقى
بۇلارنىڭ ئىچىدە شىرىپ خان ياكى باشقا بۇلار بىلىدىغان ئىنقىلاب
رەھبەرلىرىنىڭ يوقلىغىنى، بۇلارنىڭ باشباشتاق قازاق ۋە تۇڭگان ئەسكەرلىرى
ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆپ ئۈمىدسىزلىنىپ پۇشايمان قىلدى. ئەمما، پۇشايمان
قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ پايدىسى يوقتى. ئىنقىلابچىلار بۇ ئەسكەرلەر بىلەن
بىرلىشىپ سېپىلغا ھۇجۇم باشلىدى. 8 – ئاينىڭ 12 – كۈنى دوتەي ۋە لۇجاڭ
تەسلىم بولۇشقا ماقۇل بولۇپ، كېلىشىم تۈزۈشكە قارار قىلىنغان بىر پەيتتە،
ئۈرۈمچىدىن ماشىنىلار بىلەن چوڭ بىر قوشۇن يېتىپ كېلىپ، مۇجاھىدلارنى
مەغلۇپ قىلىپ شەھەرنى تارتىۋالدى.
يۇقىرىدىمۇ بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇ كۈنلەردە شېڭشىسەي ما جۇڭيىڭنى
مەغلۇپ قىلىپ، ئۈرۈمچى ۋە چۆچەك ئوتتۇرىسىدىكى توسۇلۇپ قالغان يولنى
ئاچقانىدى. چۆچەككە كەلگەن ياردەم قوشۇنى توپ ۋە پىلىمۇتلار بىلەن
قوراللانغان بولۇپ، چۆچەك ئىنقىلابچىلىرى قاتتىق تۇرۇپ مۇداپىئە قىلغان
بولسىمۇ، تاقابىل تۇرالماي ئېغىر ھالدا مەغلۇپ بولدى. دۈشمەن چۆچەك خەلقىنى
بىر قانچە كۈن ئۇدا قىرغىن قىلدى. نۇرغۇن خەلق شېھىت بولدى، ساق قالغانلار
شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كېتىپ، گۈزەل چۆچەك شەھىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى.
شۇنىڭ بىلەن چۆچەك يەنە شېڭشىسەينىڭ قولىغا ئۆتۈپ ئىنقىلاب نەتىجىسىز
قالدى.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، ما جۇڭيىڭ 6 – ئايدا ماناس ۋە شىخۇنى
ئىگىلەپ، ئۈرۈمچى ۋە ئىلى ئوتتۇرىسىدىكى يولنى ئۈزۈپ تاشلىغاندا، ئىلىدىكى
چىن كۈچلىرىنىڭ باش قوماندانى جاڭ بەيۋەن (باي زىخۇي) مۇستەقىللىق ئېلان
قىلىپ، جىن شۇرىن تەرەپتارلىرىنى يوقاتقانىدى. ئۇ ئىلىدىكى تارانچى ۋە
تۇڭگانلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۆزىنى خۇا سىلىڭ ئۇنۋانى بىلەن ئاتاپ، شېڭشىسەي
بىلەن ئاشكارا دۈشمەنلىشىشكە باشلىدى. غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ قىسقىچە جەريانى
بۇلاردىن ئىبارەت. دېمەك، غۇلجىدا يۈز بەرگەن بۇ ھەرىكەت بىر مىللىي
ئىنقىلاب ئەمەس، دەل ئەكسىچە غۇلجا ۋىلايىتىنىڭ بىر چىنلىقنىڭ ھاكىمىيىتى
ئاستىدا تۇرۇپ ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىشىدىن ئىبارەت بىر ھەربىي ئۆزگىرىش ئىدى.
6 –
پەسىل
ئالتى شەھەردە تۇڭگانلارنىڭ يوقىتىلىشى ۋە تۆت مۇستەقىل ھۆكۈمەت
خوتەن ھۆكۈمىتى، مىللىي خاراكتېرگە ئىگە ئىنقىلاب نەتىجىسىدە قۇرۇلغانلىقى
ئۈچۈن، تۇڭگانلاردىن پۈتۈنلەي خالىي ۋە مۇستەقىل شەكىلدە قۇرۇلدى. بۇلار
يۇقىرىدا بايان قىلىنىپ ئۆتۈلدى. تۆمۈر سىجاڭنىڭمۇ قەشقەردە تۇڭگانلارنىڭ
تەسىرىنى يوقىتىپ، مىللىي مۇستەقىل ھۆكۈمەت قۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ
ئۆتكەنىدۇق. ئاقسۇ، كۇچادا، ئىسمائىل بەگ ۋە ۋاڭ بەگلەر مىللىي ھۆكۈمدارلار
بولسىمۇ، ئۇلار تۇڭگانلارنىڭ قول ئاستىدىكى ھاكىم سۈپىتىدە ئىش بېجىرمەكتە
ئىدى. قاراشەھەر ۋە كورلا تۇڭگانلارنىڭ قولىدا بولۇپ، لوپ ۋە چارقىلىقمۇ
تۇڭگانلارنىڭ قولىدا ئىدى.
خوجىنىياز ھاجى، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ما جۇڭيىڭ
بىلەن دۈشمەنلىشىپ قالغاندىن كېيىن، دەرھال باشقا جايلاردىكى مىللىي
ئىنقىلاب رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ تۇڭگانلارنى يوقىتىشقا
ئاتلانغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خەتلەردىن خوتەنگە كەلگەن خەتنىڭ قىسقىچە
مەزمۇنى مۇنداق: «بىز قۇمۇلدىن مىللەتنى زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چىقىپ،
تۇرپان مۇسۇلمانلىرىنى قەتلىئامدىن قۇتقۇزدۇق. ھازىر ئەڭ يامان دۈشمىنىمىز
بولغان تۇڭگانلارنى يوقىتىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمىز. ھازىرچە، ئۈرۈمچى
بىلەن تۇڭگانلارنى يوقىتىپ بولغۇچە بىر كېلىشىم تۈزدۇق. سىلەرگە شۇنى
بۇيرۇق قىلىمەنكى، تەۋەلىكىڭلاردىكى جايلاردا قوراللىق تۇڭگانلار بولسا،
ھەممىسىنى يوقىتىڭلار. چۈنكى بۇلار غايەت ئىنساپسىز، بۇلاڭچى ۋە
مىللىتىمىزگە دۈشمەن بىر خەلقتۇر. بىزنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن كېلىشىم
تۈزگەنلىكىمىزدىن بەدگۇمان بولماڭلار. چۈنكى بۇ كېلىشىم ۋاقىتلىق بىر
كېلىشىم. يۇرت ئۆزىمىزنىڭ، ئۇنى ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ قولىدا قويمايمىز.»
بۇ
يول بىلەن، خوجىنىياز ھاجى، تۇڭگانلارنى يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆزىنىڭ
مىللەتنىڭ تاپا – تەنىسىگە ئۇچرايدىغان ئىشتىن، يەنى ما جۇڭيىڭدىن ياردەم
تەلەپ قىلغانلىقىغا پۇشايمان بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. شېڭشىسەي بىلەن
پۈتۈشكەنلىكىنى پەدەزلەپ كۆرسەتمەكچى بولغان. باشقىلارغا يازغان خەتنىڭ
مەزمۇنىنى بىلمىسەكمۇ، تۇڭگانلارنى يوقىتىش تەلەپ قىلىنغانلىقى مەلۇم.
نەتىجىدە، ئىسمائىل باي ۋە ۋاڭ بەگلەر ئۆز تەۋەلىكىدىكى تۇڭگانلاردىن
بەزىلىرىنى ئۆلتۈردى، بەزىلىرىنى قاماققا ئېلىپ يۇرتلىرىنى تۇڭگانلاردىن
تازىلىدى. بولۇپمۇ، ئىسمائىل بەگ بەش مىڭدەك بىر مىللىي قوشۇن توپلاپ،
كورلا ۋە قاراشەھەر دەرياسى بويىغىچە ئىلگىرىلىدى. قاراشەھەر تاغلىرىدىكى
قالماقلار ما شىمىن بىلەن قاتتىق ئۇرۇشتى. نەتىجىدە ما شىمىن ئۆلتۈرۈلگەن
بولسىمۇ قالماقلار شەھەرنى ئالالمىدى. قاراشەھەرنىڭ تاغلىق قىسىملىرى
قالماقلارنىڭ قولىدا ۋە شەھەر بولسا يەنە تۇڭگانلارنىڭ قولىدا قالدى. شۇنىڭ
بىلەن، ئالتى شەھەردە تۆۋەندىكى تۆت مۇستەقىل ھۆكۈمەت بارلىققا كەلدى:
(1) يەركەندىن چەرچەنگىچە بولغان جايلاردا، خوتەن ھۆكۈمىتى؛
(2) يېڭىساردىن تۇمشۇق تاغقىچە بولغان جايلاردا، قەشقەر ھۆكۈمىتى؛
(3) تۇمشۇق تاغدىن بايغىچە بولغان جايلاردا، ئاقسۇ ھۆكۈمىتى؛
(4) بايدىن قاراشەھەر دەرياسى بويىغىچە بولغان جايلاردا، كوچا ھۆكۈمىتى
(23 – خەرىتىگە قاراڭ ).
بۇ
تۆت ھۆكۈمەتتىن، كوچا ھۆكۈمدارى ۋاڭ بەگ ۋە ئاقسۇ ھۆكۈمدارى ئىسمائىل
بايلار 7 – ئاينىڭ ئاخىرىدا خوجىنىياز ھاجىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا
ئىتائەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. تۆمۈر سىجاڭ كۆرۈنۈشتە خوجىنىياز
ھاجىنى بىر مىللىي داھى دەپ قاراپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇ باشلىق
بولسا مەنمۇ بىر باشلىق دەپ مەغرۇرلانماقتا ئىدى. خوتەن ھۆكۈمىتى،
خوجىنىياز ھاجىنى ھەممىدىن بۇرۇن قوزغالغان ئىنقىلابنىڭ رەھبىرى ۋە ئەڭ
كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى تۇرۇۋاتقان كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قارىتا
بىر سەمىمىي ھۆرمەت تۇيغۇسى ئىچىدە ئىدى. لېكىن، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى،
قابىلىيىتى ۋە سىياسىي يولى ھەققىدىكى تەپسىلاتىنى بىلمىگەنلىكتىن، خوتەن
ھۆكۈمىتىنىڭ خوجىنىياز ھاجىنى بىر ئومۇمىي ھۆكۈمدار دەپ، تونۇش ـ
تونۇماسلىقى توغرىسىدا قەتئىي بىر قارارى يوقتى. ئالتاي ھۆكۈمدارى شىرىپ
خانمۇ ئۆز تەۋەسىدىكى جايلاردا تۇڭگانلارنى يوقاتتى. خوجىنىياز ھاجىغا
ئىتائەت قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتىمىز يوق.
7 –
پەسىل
چىن
ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۈچ قىسىمغا بۆلگەنلىكى
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ، چىن مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قاتتىق تەسىر
قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئالماقتا ئىدۇق. لېكىن، چىن مەركىزى
ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قوشۇن ئەۋەتىشكە قۇدرىتى يەتمەيتتى. شەرقىي
تۈركىستان خەلقى بىرلەشكەن تەقدىردە، ئۇنىڭ مۇستەقىل بولىشىغا ھېچ نەرسە
توسالغۇ بولالمايتتى. شەرقىي تۈركىستان چىن خەرىتىسىدىن چىقىپ كېتىپ،
ئۆزىگە مەخسۇس بىر رەڭگە كىرىدىغانلىقىدا ھېچ شۈبھە يوقتى. شۇنىڭ ئۈچۈن،
چىن بۇ ۋەزىيەتنى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە كۆزەتمەكتە ئىدى.
يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، خوجىنىياز ھاجىنىڭ شېڭشىسەي بىلەن
كېلىشىم تۈزۈشى نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەت ئىنقىلابچىلارنىڭ
زىيىنىغا قاراپ يۈز تۇتتى. بۇنى كۆرگەن چىن مەركىزى ھۆكۈمىتىدە بىر ئاز
ئۈمىد پەيدا بولدى ۋە ئىنگلىزلارنىڭ «پارچىلا ۋە ئىستىلا قىل» دېگەن سۆزى
بويىچە شەرقىي تۈركىستاننى پارچىلاپ، بۇ ئۇسۇل بىلەن بۇ يۇرتنى داۋاملىق
تۇتۇپ تۇرۇشنى ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەركىزى ھۆكۈمەت كۆرۈنۈشتە، خوجىنىياز
ھاجىنى، شېڭشىسەينى ۋە جاڭ بەيۋەننى بىر – بىرى بىلەن ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ،
شەرقىي تۈركىستاننى تىنچىتىش ئۈچۈن خۇاڭ مۇسۇڭ (چىن ھەربىي شتابىنىڭ
مۇئاۋىن رەئىسى) باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستانغا بىر ھەيئەت ئەۋەتتى. بۇ
ھەيئەت 1933 – يىلى 6 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە
كېلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئۈچ قىسىمغا بۆلدى. ئۈرۈمچى، چۆچەك ۋە ئالتاي
ۋىلايەتلىرىنى بىر ۋىلايەت قىلىپ ئايرىپ، شېڭشىسەينىڭ ئىدارە باشقۇرۇشىغا
بەردى. شېڭشىسەي بۇرۇنقىدەك «دۇبەن» ئۇنۋانى بىلەن تۇرىدىغان بولدى.
تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىنى «نەن جاڭ» يەنى جەنۇبىي ۋىلايەتلەر دەپ ئاتاپ
خوجىنىياز ھاجىغا بەردى. خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئۇنۋانى «نەن جاڭ باۋۋېي زۇڭ
سىلىڭ» يەنى جەنۇبىي ۋىلايەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش باش قوماندانى
بولدى. غۇلجا ۋىلايىتىنى ئالاھىدە بىر ۋىلايەت قىلىپ ئايرىپ، جاڭ بەيۋەننىڭ
ئىدارە قىلىشىغا بەردى. ئۇنىڭغا «خۇا سىلىڭ ياكى خو سىلىڭ» يەنى ئىلى خونىڭ
قوماندانى دېگەن ئۇنۋان بېرىلدى. چىنلىقلارنىڭ ئىلىنى «ئىلىخو» دەپ
ئاتىغانلىقىنى يازغان ئىدۇق.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، چىن مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شېڭشىسەي ۋە خوجىنىياز
ھاجىلارنىڭ ھېچقايسىسىغا « جۇشى » ئۇنۋانى بەرمەي، يۇرتنى ئۈچ قىسىمغا
بۆلۈپ ئىدارە قىلىشتىكى مەقسىتى، ئۇزۇندىن بېرى مەركەزنىڭ كونترولىدىن
چىقىپ كەتكەن شەرقىي تۈركىستاننى بىر – بىرلىرىگە رەقىب ئۈچ كىشىنىڭ ئىدارە
قىلىشىغا تاپشۇرۇپ، ئۈرۈمچىگە مەركەزلەشكەن تەسىرنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئىدى. بۇ
يەردە مەركەزنىڭ نوپۇزىنى كۈچلەندۈرۈشتىن ئىبارەت بىر سىياسىي ئويۇننىڭ
ئوينىلىۋاتقانلىقىنى مۆھتەرەم كىتابخانلار ياخشى چۈشەنگەن بولسا كېرەك. بۇ
تەقسىم قىلىش تاماملانغاندىن كېيىن، ما جۇڭيىڭ «شەرقىي تۈركىستاندا
ھېچقانداق ھەققى يوق بىر ئوغرى» دەپ ئېلان قىلىندى ۋە مەزكۇر «ئۈچ
ھۆكۈمدار»غا ما جۇڭيىڭنى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىشقا بۇيرۇق
قىلىندى. ما جۇڭيىڭ قوغلانسا، خوجىنىياز ھاجىنىمۇ پەيتى كەلگەندە يوقىتىپ،
مىللىي ئىنقىلابنى بېسىقتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇمكىن بولاتتى. شۇنىڭ
ئۈچۈن، خوجىنىياز ھاجىغا چىندىكى بىر قىسىم ئىنقىلاب كاتىۋاشلىرىغا
ۋاقىتلىق بېرىلىدىغان «قوماندانلىق» ئۇنۋانى بېرىلگەنلىكى مەلۇم.
8 –
پەسىل
خوتەن قوشۇنلىرى بىلەن تۆمۈر سىجاڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشى
قەشقەردىكى ئەسكىرىي سۈپىتى بىلەن تۆۋەندىكى تۆت خىل قوراللىق كىشىلەر بار
ئىدى:
(1) تۇڭگانلار، بۇلار باشقا كۈچلەر بىلەن ئاشكارا دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە
ئىدى.
(2) تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئۆز ئەسكەرلىرى، يەنى تۇرپان، كورلا، كۇچا ۋە
قەشقەردىن توپلانغان ئەسكەرلەر.
(3) قىرغىزلاردىن تەركىب تاپقان ئەسكەرلەر.
(4) مۇھاجىر ئۆزبېكلەردىن تەركىب تاپقان ئەسكەرلەر.
يۇقىرىدىكىلەرنىڭ تۇڭگانلاردىن باشقىلىرى تۆمۈر سىجاڭنىڭ رەھبەرلىكى
ئاستىدا بولسىمۇ، ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا بولۇپ، ئۆزلىرىدىن بولغان
قوماندانلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. بۇلار بىرەر قانۇن ياكى تەرتىپ –
ئىنتىزامغا باغلىق بولماستىن، بىر قوراللىق گۇرۇھ شەكلىدىكى ئىنتىزامسىز
كىشىلەر ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، قەشقەر خەلقى، بىر كۈن بۇ قوراللىق گۇرۇھ ئۆز
ئىچىدە ئىختىلاپ تۇغدۇرۇپ ئۇرۇشىدۇ. نەتىجىدە، قەشقەر خەلقى بۇلارنىڭ بۇلاڭ
– تالىڭى ۋە قىرغىنچىلىقىغا دۇچار بولىدۇ دەپ، ئەندىشە قىلاتتى. شۇنداقلا
تۆمۈر سىجاڭنىڭ قانۇن – تۈزۈمى بولمىغان تەرتىپ – ئىنتىزامسىز ھۆكۈمىتىدىن
بەك نارازى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، يەركەن پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن، قەشقەر
خەلقىنىڭ تولىسى خوتەن ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىشىنى خالىغان. قەشقەر
ئالىملىرى ۋە يۇرت كاتتىلىرى مەخپىي ھالدا ئادەم ئەۋەتىپ، سابىت داموللا
ھاجىمنى ئەسكەرلىرى بىلەن قەشقەرگە كېلىشكە دەۋەت قىلماقتا ئىدى.
قەشقەردىكى قىرغىز ئەسكەرلىرىدىن بىر قىسمىنىڭ قوماندانلىرىمۇ بۇ تەكلىپكە
قوشۇلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ بىزگە ئاشكارا ئادەم ئەۋەتتى ۋە لازىم
كەلگەندە خوتەن ئەسكەرلىرىگە ياردەم قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.
سابىت داموللا ھاجىم، ئۆزى قەشقەرلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بالدۇرراق قەشقەرگە
بېرىپ، يا سۈلھى بىلەن يا ئۇرۇش بىلەن بۇ چوڭ ۋە مۇھىم شەھەرنى خەتەردىن
قۇتقۇزۇپ، خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئورنىنى مۇستەھكەملەش پىكرىنى
ئوتتۇرىغا قويدى. بىر قىسىم قەشقەر چوڭلىرىنىڭ ۋە قىرغىزلارنىڭ تەشۋىقلىرى
داموللا ھاجىمنى بەك ئىشەندۈرۋەتكەنىدى. مىلىك ھەزرىتىم ۋە مەن، بۇ ئىشقا
ئالدىرىماسلىق، تۆمۈر سىجاڭ ۋە تۇڭگانلارغا تەڭ كېلەلىگىدەك كۈچىمىزنىڭ
تېخى ھازىر بولمىغانلىقىدىن بىر ئاز پۇرسەت كۈتۈپ تۇرۇشنى ياقىلاپ، داموللا
ھاجىمنى توسۇپ تۇرۇشتا چىڭ تۇردۇق. لېكىن، داموللا ھاجىم ئۆز پىكرىدە
مەھكەم تۇرۇپ، بىزنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشماقتا ئىدى. مەسىلەن: قەشقەردىكى
تەرەپتارلىرى بولغان كىشىلەرنىڭ قەشقەردىكى نوپوزلۇق زاتلار ئىكەنلىكىنى،
ئەسكىرىي تەرەپتىن قوللايدىغانلارنىڭمۇ خېلى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ھەتتا
ئۇلارنىڭ كۈچىنى ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، بىز تەرەپتىن ئارتۇقچە
بىر ئەسكىرىي كۈچ لازىم ئەمەس دەپ، كۆرسەتتى. شۇنداقلا، ھازىر قەشقەر ئىشى
قاچىدىكى ئاشتەك تەييار بولۇپ قالغان، كېچكىپ قالساق پۇرسەت قولدىن كېتىدۇ
دېگەنگە ئوخشاش دەلىللەر بىلەن بىزنى قايىل قىلىشقا تىرىشتى. بۇلاردىن
باشقا، داموللا ھاجىم بىلەن قەشقەر ئارىسىدا ئالاقە قىلىۋاتقان بىر كىشىدىن
بىزگە بەزى ماتېرىياللارنى ئەۋەتتى. بۇ كىشى بىزنى قايىل قىلىدىغان بەزى
سۆزلەرنىمۇ قىلىپ بەردى. بۇ تەشەببۇسلار بىلەن خوتەن ھۆكۈمىتى ئاخىرى ماقۇل
بولدى. نەتىجىدە، خوتەن ھۆكۈمىتى قەشقەرگە ئۇزىنىپ جايىدا بولغان بىر تاپا
– تەنىگە قالدى ۋە تارىخ سەھىپىلىرىگە يېزىلغۇسى ناھايىتى ئېغىر بولغان بىر
خاتالىق ئۆتكۈزدى. چۈنكى، بۇ ئىش مىللىي ئىنقىلاب تېخى بىر نەتىجىگە
ئېرىشمىگەن، مىللىي ئىنقىلاب كۈچلىرىنىڭ كۈچىيىشى ناھايىتى زۆرۈر بولغان
بىر زاماندا، ئىككى مىللىي كۈچنىڭ ئىختىلاپىغا سەۋەب بولدى. شۇنىڭ بىلەن
ناھايىتى ياخشى تەشكىللەنگەن خوتەن كۈچلىرى قاتتىق ئاجىزلاشتى ۋە خېلى كۈچ
كۆرسىتىپ تۇرغان تۆمۈر سىجاڭ ئەسكەرلىرىمۇ پاراكەندە بولۇپ پۈتۈنلەي
تۈگەشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىچكى كۈرەش بەش ئاي داۋام قىلىپ، دۈشمەنگە ھېچ
كۈتمىگەن يەردىن بىر پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بەردى.
شۇنداق قىلىپ، 7 – ئاينىڭ 15 – كۈنى سابىت داموللا ھاجىم ۋە ئەمىر
ئابدۇللاھ 2500 كىشىلىك بىر قوشۇننى ئېلىپ يەركەنگە ماڭدى. ئۇلار تۆمۈر
سىجاڭغا «بىز قەشقەرگە يېڭى شەھەردىكى تۇڭگانلارنى يوقىتىش ئۈچۈن سىزگە
ياردەم قىلىشقا بارىمىز. ئالتە شەھەر خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن،
تەييارلىنىپ قەشقەردىن خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ياردىمىگە ئۈرۈمچىگە يولغا
چىقىمىز» دەپ خەت يازدى. 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى يېڭىسارغا يېتىپ كەلدى. بۇ
يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىش لازىم بولغان بىر مەسىلە شۇكى، سابىت داموللا
ھاجىم تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئادىمى بولغان ھاپىز تەنجاڭنى بەش يۈز
كىشىلىك ئاتلىق ئەسكىرى بىلەن ئارقىلىرىدا يەنى، يەركەندە قويۇپ ماڭدى. بۇ
ئىشنىڭ قانچىلىك چوڭ بىر خاتالىق بولغانلىقىنى تۆۋەندە كۆرىمىز. داموللا
ھاجىم ۋە ئەمىر ئابدۇللاھلار يېڭىسارغا كەلگەندىن كېيىن، قەشقەردىن شەھەر
كاتتىلىرى ۋە ئۆلىمالار قارشى ئېلىشقا كەلدى. تۆمۈر سىجاڭمۇ يېنىغا ئەسكەر
ئالماي ماشىنا بىلەن يېڭىسارغا كەلدى. تۆمۈر سىجاڭ بۇ سەپەردىن كۆپ
قورققانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ سابىت داموللامغا قەشقەرگە بارماسلىقنى
ئېيتتى. تۇڭگانلارنى يوقىتىشقا ئۆزىنىڭ كۈچىنىڭ يېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ
ۋەزىپىنى دەرھال ئورۇندايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خوتەن ھۆكۈمىتى بىلەن
قەشقەر ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا يېڭىسارنىڭ شانىياز ئۆستىڭىنى چېگرا قىلىپ
بەلگىلەشنى تەكلىپ قىلدى ۋە «چېگرىمىزنى بەلگىلىۋېلىپ، تۇڭگانلارنى يوقىتىپ
بولغاندىن كېيىن بىرلىشىش مەسىلىمىزدە ھېچبىر توسالغۇ قالمايدۇ. بۇ
مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمەن دەپ مەن ئۆزۈم كەلدىم» دېگەن. ئەمما، سابىت
داموللا ھاجىم ئۆزىنىڭ قەشقەرگە بېرىش نىيىتىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر قىسىم
دەلىللەرنى كۆرسەتكەن. تۆمۈر سىجاڭ داموللا ھاجىمنىڭ بۇ قەتئىي نىيىتىنى
كۆرۈپ، ئەمىر ئابدۇللاھ قۇماندانلىقىدىكى خوتەن كۈچلىرىنىڭ قەشقەرگە
كىرىشىگە ۋە بىرلىشىپ، يېڭى شەھەرنى پەتھى قىلىشقا ماقۇل بولدى. سابىت
داموللا ھاجىم ۋە ئەمىر ئابدۇللاھ ئەسكەرلىرى بىلەن 7 – ئاينىڭ 21 – كۈنى
قەشقەرگە كىردى. قەشقەر خەلقى بۇلارنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن داغدۇغىلىق
ھالدا قارشى ئالدى. تۆمۈر سىجاڭمۇ كۆرۈنۈشتە ياخشى قارشى ئېلىپ، ھۆرمەت
بىلدۈردى. ئەمما، يېڭى شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش ئىشىنى بۈگۈن، ئەتە دەپ ئارقىغا
سوزدى. بۇ ئارىدا يەركەندە قالغان ھاپىز تەنجاڭ ۋە قەشقەردىكى سابىت
داموللا ھاجىمغا ھەسەت قىلىدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بىرلىشىپ، تۆمۈر
سىجاڭنى سابىت داموللا ھاجىمغا قارشى كۈشكۈرتۈشكە باشلىدى. يەنە بىر
تەرەپتىن سابىت داموللام قەشقەردىكى بەزى ئىككى يۈزلۈك ئادەملەرگە سىرىنى
ئاشكارىلاپ قويدى ۋە بىر قىسىم ئۆزىگە ھېسداشلىق قىلغان ياخشى كىشىلەرنى
رەنجىتىپ قويدى. تۆمۈر سىجاڭ بولسا، قول ئاستىدىكىلەرگە كەڭ – تاشا پۇل ۋە
مەنسەپ بېرىپ ئۆزىگە سادىق تەرەپتار قىلدى. 1933 – يىلى 8 – ئاينىڭ 2 –
كۈنىدىن باشلاپ، تۆمۈر سىجاڭ سابىت داموللا ھاجىم ۋە ئەمىر ئابدۇللاھقا
ئاشكارا دۈشمەنلىك قىلغىلى باشلىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئىشنىڭ يامان
تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى سەزگەن داموللا ھاجىم بۇرۇن ياردەم قىلىمىز دەپ
ۋەدە قىلغانلار، يۇرت كاتتىلىرى ۋە قىرغىز قوماندانلارنى ئىزدىگىلى تۇردى.
ئەمما، ئۇلار ئاللىقاچان تۆمۈر سىجاڭ تەرىپىگە ئۆتۈۋالغانىدى. ئاز بىر
قىسىم قىرغىزلارنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، داموللا ھاجىم تەرىپىدە
تۇرغانلىقى مەلۇم بولدى.
بۇ
ۋەزىيەت ئاستىدا، سابىت داموللا ھاجىم ۋە ئەمىر ئابدۇللاھنىڭ قەشقەردىن
يېنىپ يەركەنگە كېلىۋېلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن، ئۇلار تەرەپتارلىرىمىزنى
قوغدايمىز دەپ ئىككى كۈن كېچىكىپ قالدى. 8 – ئاينىڭ 5 – كۈنى سەھەردە،
تۆمۈر سىجاڭ بىزنى ھىمايە قىلىدىغان قىرغىزلارنى قۇرالسىزلاندۇرۇش ئۈچۈن
ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى. سابىت داموللا ھاجىم قىرغىزلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن
ئەسكەرلەرگە بۇيرۇق قىلدى ۋە ئۆزىمۇ ئاتلىنىپ ماڭدى. لېكىن، تۆمۈر سىجاڭنىڭ
تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. يېڭىسارلىق قەھرىمان قوماندانىمىز بەختىيارخان
بىر قىسىم ئەسكەرلىرى بىلەن ئەسىر ئېلىندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېرىيە قوماندانى
يۈزدەك ئەسكىرى بىلەن ۋە خوتەننىڭ چوڭ بىر تەرىقەت مۇرشىدى ئىشاننىڭ ئوغلى
ھەمدە مېنىڭ ئوقۇغۇچىم بولغان غۇلام قادىر ئۈچ يۈز ئەسكىرى بىلەن تۆمۈر
سىجاڭ تەرىپىگە ئۆتۈۋالدى. نەتىجىدە، خوتەن ئەسكەرلىرى يېڭىلىپ
قارارگاھلىرىغا چېكىندى. ئەتىسى تۆمۈر سىجاڭ داموللا ھاجىم ۋە ئەمىر
ئابدۇللاھنىڭ قوراللىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار بۇ توغرىدا
مۇزاكىرىلىشەيلى دەپ، بىر – ئىككى كۈن كېچىكتۈرگەن بولسىمۇ، داموللا
ھاجىمغا ھەسەت قىلىدىغان بىر قىسىم قەشقەرلىق قۇماندانلار دەڭ – سارايلاردا
بۆلۈنۈپ تۇرۇۋاتقان خوتەن ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ قورالسىزلاندۇرۇشقا
باشلىدى. ئەمىر ئابدۇللاھ بىر ئامال قىلىپ يەركەنگە قېچىش پىكرىنى
ئوتتۇرىغا قويدى. داموللا ھاجىم ساق قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتەلىشىگە كۆزى يەتمەي
تەسلىم بولۇشقا قارار قىلدى.
8 –
ئاينىڭ 8 – كۈنى ئەمىر ئابدۇللاھ تۆمۈر سىجاڭغا قوراللىرىنى تاپشۇردى.
تۆمۈر سىجاڭ سابىت داموللا ھاجىم ۋە ئەمىر ئابدۇللاھ قاتارلىق بىر قانچە
كىشىنى نەزەربەند قىلدى. قورالسىزلاندۇرۇلغان خوتەن ئەسكەرلىرىنى بۇلاپ –
تالاپ، ئات ۋە پۇل – ماللىرىنى ھەتتا كىيىم – كېچەكلىرىغىچە تارتىۋېلىپ
قەشقەردىن قوغلاپ چىقاردى. بەزىلىرى ئۆلتۈرۈلدى ۋە بەزىلىرى پىيادە مېڭىپ
چۆلدە ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلدى.
سابىت داموللا ھاجىم ۋە ئەمىر ئابدۇللاھ قەشقەرگە كەتكەندىن كېيىن،
يەركەندە بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەر پىتنە – ئىغۋا تارقىتىپ، ئەمىر نۇر
ئەھمەد بىلەن ھاپىز تەنجاڭ ئوتتۇرىسىدا تىركىشىش پەيدا قىلغانىدى. ئەمىر
نۇر ئەھمەدنىڭ ئەسكەرلىرى بۇنىڭغا سەۋەبچى بولغان پىتنىچىلارنى تۇتۇپ دارغا
ئاستى. بۇ ھادىسە دەل قەشقەردە تۆمۈر سىجاڭنىڭ بىزگە دۈشمەنلىك قىلىشقا
باشلىغان ۋاقتى ئىدى. تۆمۈر سىجاڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، بۇرۇن سابىت داموللا
ھاجىمنى قەشقەرگە كېلىشكە دەۋەت قىلغانلاردىن ئەڭ مۇھىم زات بولغان ۋە
كېيىن تۆمۈر سىجاڭ تەرىپىگە ئۆتىۋالغان «كىچىك ئاخۇن تەنجاڭ »نى 300 ئاتلىق
ئەسكەر بىلەن يەركەنگە ئەۋەتتى. كىچىك ئاخۇن يەركەنگە كېلىپلا ھاپىز
تەنجاڭغا قوشۇلۇپ، ئەمىر نۇر ئەھمەد بىلەن ئاشكارا دۈشمەنلىشىشكە باشلىدى.
قەشقەردىن تۆمۈر سىجاڭ ھەدەپ ئەمىر ئابدۇللاھ نامىدىن تەسلىم بولۇش
توغرىسىدا ئەمىر نۇر ئەھمەدكە خەت يازغىلى تۇردى. لېكىن، ئەمىر نۇر ئەھمەد
بۇلارغا قۇلاق سالماي ئۇلارغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرۇشقا قارار قىلدى.
ئەمما، ھەر ئېھتىمالغا قارشى يەركەندىكى ئارتۇق ئوق – دورا، توپ ۋە
غەزىنىنى قاغىلىق تەرەپكە ئەۋەتىۋەتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئەسكەرلىرىمىز
ئىچىدە، «يەركەننى تاشلاپ چىقىپ كېتىمىزكەن» دېگەن سۆز تارقالدى. بۇنىڭغا
ئىشەنگەن يەركەننىڭ چەت جايلىرىدىكى قوماندانلىرىمىز ئەمىر نۇر ئەھمەددىن
سورىمايلا يەركەندىن 5 – 6 يۈز كىشىلىك بىر كۈچ بىلەن قاغىلىققا قاراپ
يۈردى. بۇ ئىش باشقا ئەسكەرلەر ئىچىدە قاتتىق ئالاقزادىلىك پەيدا قىلدى.
ھاپىز بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھەر قايسى جايلاردا تۇرۇۋاتقان ئەسكەرلىرىمىزگە
ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. بۇ ۋەزىيەتتە ئەمىر نۇر ئەھمەد ئۈچۈن تەسلىم
بولۇشتىن باشقا چارە قالمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ھاپىز تەنجاڭ بىلەن
مۇزاكىرىلىشىپ، قورال ۋە ئاتلارنى تاپشۇرۇش، خوتەن ئەسكەرلىرىنىڭ جېنى ۋە
مېلىغا تەگمەسلىك ۋە يەركەن دەرياسىدىن ئۆتمەسلىك قاتارلىق شەرتلەر بىلەن
كېلىشىم ئىمزالاندى. كېلىشىمگە ئاساسەن 8 – ئاينىڭ 17 – كۈنى قورال
تاپشۇرۇلدى. ئەمما، ھاپىز تەنجاڭ قورالنى ئېلىپ بولۇپلا، كېلىشىمنى بۇزۇپ
ئەمىر نۇر ئەھمەد ۋە بىر قانچە ئادىمىنى قامىدى. قورالسىزلاندۇرۇلغان
ئەسكەرلىرىمىزنى بۇلاپ – تالاپ ناھايىتى پاراكەندە قىلىۋەتتى. بۇلاردىن بىر
قانچە يۈز ئادىمىمىز قوماندانلىرىنى قاماقتا قويۇپ خوتەنگە قايتىشقا رازى
ئەمەستى. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ شەھەر ئىچىدە
يوشۇرنىۋالدى ۋە بىر قىسمى ھاپىزغا ئەسكەر بولۇپ يەركەندە قالدى.
ھاپىز تەنجاڭ 1933 – يىلى 8 – ئاينىڭ 21 – كۈنى قاغىلىققا يۈرۈش قىلدى.
قاغىلىقتا چېچىلاڭغۇ ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئەسكەرلىرىمىز بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ،
قاغىلىقنى بوشىتىپ خوتەنگە قاراپ ماڭدى. ئەتىسى ھاپىز كېلىپ قاغىلىقنى
ئالدى. مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، قاراقاشقا ۋە ئۇ يەردىن زاۋاغا كېلىپ
ئەسكەرلىرىمىزنى توپلاشقا باشلىدىم. يەركەندىن كەلگەن ئەسكەرلەرنىڭ
ئائىلىسىگە كېتىشىگە رۇخسەت قىلدىم. لېكىن، ھاپىز قاغىلىقتا توختىدى.
گۇمىغا بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى ۋە بىر ھاكىمنى يوللاپ ئۇ يەرنىمۇ ئىشغال
قىلدى. يەركەندىن كېلىدىغان ياردەم كۈچلىرى كېلىشى بىلەن خوتەنگە يۈرۈش
قىلماقچى بولۇپ تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. مەن گۇمىغا 1500 كىشىلىك بىر كۈچ
يوللىدىم. بۇ كۈچ گۇمىدىكى ھاپىز تەنجاڭ ئەسكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلدى ۋە
ئۇنىڭ قويغان ھاكىمى باشلىق 18 ئادىمىنى ئەسىر ئالدى. قالغانلىرى قاغىلىققا
قاچتى، گۇما قايتۇرۋېلىندى. بىز ھاپىز تەنجاڭغا بىر ئەلچىلەر ئۆمىكى
ئەۋەتىپ، كېلىشىم قىلىشقا تەكلىپ قىلدۇق ۋە ئەگەر بۇ تەكلىپنى قوبۇل
قىلمىسا ئاخىرغىچە ئۇرۇشىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق. بۇ ئۆمەكنى قاغىلىققا
بارمايلا «چولاق لەنگەر» دېگەن يەردە ھاپىزنىڭ ئەسكەرلىرى ئەسىر ئالغان ۋە
بۇلاپ – تالىغان. بۇلاردىن بەزىلىرى گۇمىغا قېچىپ كەلگەن. ئەسىر
ئېلىنغانلار ئىچىدە بۇ ئۆمەكنىڭ رەئىسىمۇ بار ئىدى. ئۇ گۇمىدىكى
ئەسكەرلىرىمىزگە «ھاپىزنىڭ بۇ يەردىكى ئەسكىرى 20000 كىشىدىن ئىبارەت.
سىلەر دەرھال گۇمىنى بوشىتىپ خوتەنگە قايتىڭلار» دېگەن مەزمۇندا بۇيرۇق
يېزىپ ئەۋەتكەن. گۇمىدىكى ئەسكەرلىرىمىز بۇ ئەھۋالنى راست دەپ ئىشىنىپ 1500
كىشىنىڭ 20000 كىشىگە تەڭ كېلەلمەسلىكىنى چاغلاپ خوتەنگە قايتىدۇ.
مەن
دەرھال زاۋىغا كېلىپ، پۈتۈن ئەسكەرلىرىمىزنى توپلاپ مۇداپىئەگە
تەييارلاندىم. بۇ ئارىدا ھاپىز بىزگە تەھدىت سېلىپ بىر قانچە پارچە خەت
ئەۋەتتى. ھاپىزنىڭ كۈچى ھەققىدە مەخپىي ئاخبارات بەرگەن خادىملىرىمىزنىڭ
بەرگەن مەلۇماتلىرى ئوخشاش ئەمەس ئىدى. ھاپىزنىڭ قولىدا ئەسىرلىكتە قالغان
ئەلچىلەر ئۆمىكى رەئىسى خەتلىرىدە دۈشمەن سانىنى داۋاملىق 20000 دەپ
يازاتتى. بىزنىڭ كۈچىمىز ساندا 5000 كىشى بولسىمۇ، مىلتىقلىرىمىز 500 دىن
ئاشمايتتى. ئوق – دورىمىز يوق دېگۈدەك ئاز ئىدى. چۈنكى پۈتۈن مىلتىق ۋە ئوق
– دورا زاپاسلىرىمىز يەركەن ۋە قەشقەردە يوقالغان ئىدى. مانا بۇ ھالەتتىكى
ئاجىز قوشۇن بىلەن 20000 كىشىلىك قوشۇنغا تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىمىزنى
چۈشىنىپ، سۈلھى قىلىش پىكرىگە كەلدۇق ۋە ھاپىز تەنجاڭغا ئەلچىلەر ئەۋەتكەن
بولساقمۇ، ئۇ بۇلارغا قۇلاق سالماي داۋاملىق ئىلگىرىلىدى. ھەتتا، بىزنىڭ
ھەيئەت ئەزالىرىمىزدىن بولغان بىر تەرىقەت مۇرشىدى «كاتتا ئىشان» ھاپىزنى
دەرھال خوتەنگە ھۇجۇم قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ھاپىز، مەزكۇر
ئىشاننىڭ قەشقەردە خوتەن ھۆكۈمىتىگە تۇزكورلۇق قىلغان ئوغلى غۇلام قادىر ۋە
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەيئەت رەئىسى خائىننى بىرگە قوشۇپ خوتەنگە ئەسكەر
يوللىدى. بۇ ۋەزىيەتتە ئەسكەرلىرىمىزنى زاۋىدىن ئىلچىگە قايتۇردۇق، مەن
قاراقاشتا قالغانىدىم. ئۇ كېچىسى، بىزنىڭ بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئەلچى
ئۆمىكىمىزدىكى كىشىلەردىن بىر قانچىسى ھاپىزنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قاراقاشقا
كەلدى ۋە ماڭا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ بەردى. ئەسلىدە ھاپىز تەنجاڭنىڭ
ئەسكىرى كۈچى 3000 كىشىدىن ئاشمايتتى. ھازىر زاۋىدىكى كۈچىميز مىڭ كىشىدىن
ئىبارەت ئىدى. زاۋىدىن كەلگەن خەۋەرچىلىرىمىزمۇ بۇ مەلۇماتنى توغرىلىماقتا
ئىدى. مەن بۇ مەلۇماتلارنى ئالغاندىن كېيىن، كۆرۈنۈشتە قاراقاشتىن چېكىنگەن
بولۇپ، ئىلچىگە قايتتىم ۋە ئاخشىمى ئەھۋالنى مىلىك ھەزرىتىمگە مەلۇم
قىلدىم. دەرھال مۇداپىئە ئۇرۇشىغا كىرىشىشنى قارار قىلدۇق.
كېچىسى پۈتۈن كۈچىمىزنى سەپەرۋەر قىلىپ زاۋىغا يوللىدۇق. مەن سەھەر سائەت
بەشتە ماڭدىم. كۈن چىقىشى بىلەن تەڭ زاۋىدا ھاپىز تەنجاڭ كۈچلىرىگە
تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدۇق. ئۇرۇش ئۈچ سائەت داۋام قىلدى. ھاپىز تەنجاڭ
ئەسكەرلىرىدىن كۆپچىلىكى ئۆلتۈرۈلدى ۋە ئەسىر ئېلىندى. ئاز بىر قىسمى
تاربۇغاز دېگەن جايدا توپلانغان بولسىمۇ قوغلاپ زەربە بېرىش نەتىجىسىدە
پىيالما كەنتىگە قاراپ قاچتى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ھاپىز پىيالمىدىن
ئىلگىرىلىيەلمەي قەشقەردىن ياردەم كۈتۈپ تۇردى. ئەمدى قورقۇتۇش نۆۋىتى
بىزگە كەلگەنىدى. بىز ھاپىزنى ھەرخىل يول بىلەن قورقۇتۇپ، تەھدىت سېلىپ
مەنىۋى جەھەتتىن مەغلۇپ قىلىشقا باشلىدۇق. بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە قەشقەردىن
بىر مىقدار ياردەم كەلگەن بولسىمۇ، ھاپىز ئىلگىرىلەشكە جۈرئەت قىلالمىدى.
10 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ھاپىز پۈتۈن ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ قەشقەرگە قاچتى. شۇ
ھالەتتە، قەشقەردىن تۆمۈر سىجاڭنىڭ تۇڭگانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىك
خەۋىرى كەلدى.
بۇ
خەۋەرنى ئالغاندىن كېيىن، بىز دەرھال يەركەنگە يۈرۈش قىلىش تەييارلىقىنى
باشلىدۇق. 10 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن باشلاپ ئەسكەرلىرىمىز ئارقا – ئارقىدىن
يولغا چىقتى. گۇما ۋە قاغىلىق شەھەرلىرىنى توسالغۇسىز ئالدى. قاغىلىقتا
ھاپىزنىڭ تەرەپتارى بولغان يۇرت كاتتىلىرىدىن سابىرخان بىرئاز قارشىلىق
كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئۆلتۈرۈلدى. مەن گۇمىغا يېتىپ كەلگەندە قوشۇنىمىز
پوسكامغا كىرگەنىدى. ئەمىر نۇر ئەھمەد يەركەندە قاماقتا ئىدى. ئەمىر
ئابدۇللاھ بولسا تۆمۈر سىجاڭ ئۆلتۈرۈلگەن كېچىسى قەشقەردىن قاچتى ۋە
يەركەنگە كېلىپ، تەرەپتارلىرىمىزدىن بىرىنىڭ ئۆيىدە يوشۇرنۇپ تۇردى.
دۈشمەننىڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋىرى يوقتى. ھاپىز تەنجاڭنىڭ يەركەندىكى
ئورۇنباسارى، خوتەن قىسىملىرىنىڭ پوسكامغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورقۇپ
كېتىپ ئەمىر نۇر ئەھمەدنى دەرھال قاماقتىن چىقاردى ۋە سۈلھى قىلىشنى تەلەپ
قىلىپ بىر ھەيئەت بىلەن پوسكامغا ئەۋەتتى. لېكىن، ئەمىر نۇر ئەھمەد
ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپلا دەرھال قوماندانلىقنى قولىغا ئېلىپ يەركەنگە
يۈردى.
ئالدىنقى مەغلۇبىيەتتە تارقىلىپ، يەركەندە يوشۇرنۇپ ياتقان بىرەر يۈزدەك
خوتەن ئەسكىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە قوراللىنىپ
ھۇجۇمغا ئۆتتى. بىر سائەت ئىچىدە يەركەن كونا شەھەر ئېلىندى. ھاپىزنىڭ
ئەسكەرلىر قېچىپ يېڭى شەھەرگە كىرىپ قامالدى. ئەمىر ئابدۇللاھ يوشۇرنۇپ
ياتقان يېرىدىن چىقىپ، خوتەندىن كەلگەن قىسىمنىڭ بېشىغا ئۆتتى. 10 – ئاينىڭ
21 – كۈنى يېڭى شەھەر مۇھاسىرىگە ئېلىندى. مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قاغىلىققا
كەلدىم. ئۇ يەردە بىر ھەپتە تۇرۇپ پوسكامغا كەلدىم. بۇ ئۈچ ئاي ئىچىدە
ئۆلۈم ۋە قان بىلەن بىللە ياشاپ يەنە ساق – سالامەت غەلىبە قازانغان ئىككى
ئىنىم بىلەن كۆرۈشتۈم. 10 – ئاينىڭ 29 – كۈنى مەن خوتەنگە قايتتىم. 15
كۈنلۈك مۇھاسىرىدىن كېيىن، يەركەن يېڭى شەھەر پەتھى قىلىندى. ھاپىزنىڭ
ئەسكەرلىرى قوراللىرىنى ئېلىپ خالىغان تەرەپكە كېتىشكە رۇخسەت قىلىندى.
ئەمما، ھاپىزنىڭ مۇئاۋىنى مەھەممەد نىياز ۋە ئوغلى قولغا ئېلىندى.
9 –
پەسىل
خوجىنىياز ھاجىنىڭ ما جۇڭيىڭدىن مەغلۇپ بولۇپ ئالتى شەھەرگە كېلىشى ۋە
خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى دەپ
رەسمىي تونۇغانلىقى
7 –
ئايدىن باشلاپ، تۇرپان تەۋەسىدە خوجىنىياز ھاجى بىلەن ما جۇڭيىڭ
ئوتتۇرىسىدا قاتتىق ئۇرۇش باشلىنىپ كەتتى. بىر ئاي داۋام قىلغان بۇ
ئۇرۇشلاردا خوجىنىياز ھاجى دائىم مەغلۇپ بولدى. ئاخىرى 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى
خوجىنىياز ھاجى تۇرپاندىكى پۈتۈن ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ قاراشەھەرگە قېچىشقا
مەجبۇر بولدى. ئەپسۇسكى بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇماتىم يوق.
خوجىنىياز ھاجى ئەسكەرلىرى بىلەن قاراشەھەرگە يېقىنلىشىپ، ئۇششاقتالغا
كەلگەندە قاراشەھەردىكى تۇڭگانلار چىقىپ قاتتىق ئۇرۇش بولدى. خوجىنىياز
ھاجى چېكىنىشكە تەييارلىنىپ تۇرغان بىر پەيتتە، مەھمۇد سىجاڭنىڭ باتۇرلۇق
بىلەن قىلغان بىر ھۇجۇمى بىلەن تۇڭگانلار مەغلۇپ بولۇپ قاچتى ۋە شەھەرگە
كىرىۋالدى. مەھمۇد سىجاڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىپ، شەھەردىكى تۇڭگانلارنى
مەغلۇپ قىلىپ قاراشەھەرنى ئالدى. خوجىنىياز ھاجى قاراشەھەرنى ئېلىپ، دەرھال
كۇچانىڭ ۋاڭ بېگى، ئىسمائىل باي ۋە خوتەن ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، ئۇلارنى
پۈتۈن ئەسكەرلىرىنى قاراشەھەرگە ئەۋەتىشكە دەۋەت قىلدى. ئۇ پۈتۈن كۈچلەر
قاراشەھەردە توپلىنىپ، ئۇ يەردىن تۇرپانغا يۈرۈپ، ما جۇڭيىڭنى يوقىتىپ
بولغاندىن كېيىن، كېچىكتۈرمەستىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل
قىلىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
ۋاڭ
بەگ بۇ دەۋەتنى دەرھال قوبۇل قىلىپ، قاراشەھەرگە بەش مىڭ ئەسكىرى بىلەن
كەلدى. ئىسمائىل باينىڭ نېمە دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى بىلمەيمىز. لېكىن،
ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكى مەلۇم. تۆمۈر سىجاڭ «مەن خوتەننى ئېلىپ بولۇپ، ئاندىن
پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بارىمەن، ھازىر ۋاقتىم يوق» دەپ جاۋاب بەرگەن. خوتەن
ھۆكۈمىتى، يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تۆمۈر سىجاڭنىڭ
ھۇجۇملىرىدىن مۇداپىئەلىنىش بىلەن مەشغۇل ئىدى.
ھاپىز تەنجاڭ پىيالما ئالدىنقى سېپىدىن قېچىپ، ئەتىسى يەنى 10 – ئاينىڭ 4 –
كۈنى خوتەن ھۆكۈمىتى خوجىنىياز ھاجىغا بىر ھەيئەت ئەۋەتىپ، ئۇنى پۈتۈن
شەرقىي تۈركىستاننىڭ رەئىسى – جۇمھۇر (جۇمھۇرىيەتنىڭ رەئىسى) دەپ
تونىغانلىقىنى رەسمىي بىلدۈردى. ئۇنىڭغا ئەسكىرىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەم
بېرىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىمىزنى مەلۇم قىلىپ، بۇ ھەيئەت قولىدىن 200 سەر
(2000 مىسقال) ئالتۇن ئەۋەتتۇق.
بۇ
ھەيئىتىمىز بېرىشتىن ئىلگىرى خوجىنىياز ھاجى، كوچا ۋاڭىنى پۈتۈن ئەسكىرى
بىلەن بىرگە ئېلىپ تۇرپانغا يۈرۈش قىلغانىدى. ئايغىر بۇلاق ۋە كۈمۈش
ئوتتۇرىسىدا ما جۇڭيىڭنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئېغىر ھالدا مەغلۇپ
بولدى. ئۇرۇشتا كوچا ۋاڭى ئەسكەرلىرىنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەنلىكىدىن بۇ
مەغلۇبىيەتنىڭ جاۋابكارلىقى ۋاڭغا ئارتىلدى. كوچا ئەسكەرلىرىنىڭ تولىسى
ئۇرۇشتا شېھىت بولدى. قاچقانلىرى چۆلدە سۇسىزلىق ۋە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ، ئاز
بىر قىسمى كۇچاغا سالامەت يېتىپ كېلەلىدى. بۇ مەغلۇبىيەتتىن كېيىن،
خوجىنىياز ھاجى قاراشەھەرگە قايتىپ كەلدى. مەھمۇد سىجاڭنى قاراشەھەردە
قويۇپ، ئۆزى ئۇ يەردىن كورلىغا كەلدى. كۇچانىڭ يۇرت كاتتىلىرى كېلىپ ئۇنى
كۇچاغا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خوجىنىياز ھاجى 10 – ئاينىڭ 19 – كۈنى
كۇچاغا كەلدى. ۋاڭ بەگنىڭ مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۆزىنى نەزەربەند
قىلدى. خوتەن ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ھەيئەت بىلەن كۇچادا كۆرۈشتى. بىزگە يازغان
خېتىدە كۇچانى پايتەخت قىلىشقا قارار قىلغانلىقىنى يازغانىدى. شۇنىڭ بىلەن
خوجىنىياز ھاجى كۇچادا تۇرۇپ ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەنگە ھەيئەت ئەۋەتىپ، بىر
– بىرىگە زىت كېلىدىغان تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇيرۇق چۈشۈرۈشكە
باشلىدى.
10 –
پەسىل
تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى
يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تۆمۈر سىجاڭ خوتەنگە يۈرۈش قىلغاندا
قول ئاستىدىكى قىرغىز ئەسكەرلەرنى خوتەنگە يۈرۈش قىلىشقا بۇيرىغانىدى.
ئۇلار بۇنى قوبۇل قىلماي قارشى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن تۆمۈر سىجاڭ قىرغىز
ئەسكەرلەرنىڭ باشلىقى ئوسمان ئەلى بەگكە سۇيىقەست قىلىشقا باشلىدى. بۇنى
سەزگەن ئوسمان ئەلى بەگ، 1933 – يىلى 9 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، پۈتۈن
ئەسكەرلىرى بىلەن قېچىپ تاغقا چىقىۋالدى. تۆمۈر سىجاڭ ئۇلارنى قايتۇرۇپ
كېلىشكە كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ مۇۋەپپەق بولالمىدى.
9 –
ئاينىڭ 28 – كۈنى، تۆمۈر سىجاڭ نۇرغۇن ئەسكەرلىرىنى ئوسمان ئەلى بەگنى
تۇتۇپ كېلىشكە تاغقا يوللىدى ۋە ئۆزى ماشىنىدا ئولتۇرۇپ، قاراۋۇلدىكى باغقا
ھاۋا ئېلىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى. يېڭى شەھەردىكى تۇڭگانلار بۇنىڭدىن خەۋەر
تېپىپ، 50 – 60 تۇڭگان پىدائىي بولۇپ يېڭى شەھەر سېپىلىدىن يوشۇرۇنچە چىقتى
ۋە تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئاخشىمى باغدىن قايتىشتا ماڭىدىغان يولىدا يوشۇرنۇپ
ياتتى. بۇلاردىن خەۋەرسىز تۆمۈر سىجاڭ ئاخشىمى باغدىن قايتىپ، تۇڭگانلار
يوشۇرنۇپ ياتقان يەرگە كېلىشى بىلەن ئوققا تۇتۇلدى. مۇھاپىزەتچىسى ۋە
شوپۇرى بىلەن قوشۇلۇپ شۇ يەردە ئۆلدى. تۇڭگانلار تۆمۈر سىجاڭنىڭ بېشىنى
كېسىپ ئېلىپ، يېڭى شەھەرگە قاچتى. بۇ ۋەقەدىن ئۈچ سائەت ئۆتكەندىن كېيىن،
ما جەنسا پۈتۈن كۈچى بىلەن كونا شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى ۋە تۆمۈر سىجاڭنىڭ
ئەسكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ شەھەرنى ئالدى.
تۇڭگانلار بىر كېچە – كۈندۈز شەھەر ئىچى ۋە تېشىدە دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق
ۋە بۇلاڭ – تالاڭ ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن قەشقەر كونا شەھىرى بىر ھەپتە
ما جەنسانىڭ قولىدا قالدى. 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئوسمان ئەلى بەگ تاغدىن
پۈتۈن قىرغىز كۈچلىرى بىلەن كېلىپ قەشقەر كونا شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى.
تۇڭگانلار ئېغىر مەغلۇپ بولۇپ يەنە يېڭىشەھەر سېپىل ئىچىگە كىرىۋالدى.
ئوسمان ئەلى بەگ قەشقەر كونا شەھەرنى ئېلىپ، ئۆزىنى تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئورنىغا
سىجاڭ دەپ ئېلان قىلدى ۋە قەشقەر ھۆكۈمدارى بولدى. تۆمۈر سىجاڭنىڭ پۈتۈن
ئادەملىرىنى ئۆزىگە تەۋە قىلىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، قەشقەر يېڭىشەھەرنى
مۇھاسىرە قىلدى. لېكىن تۇڭگانلار سېپىلدىكى ئىستىھكاملىرىدا چىڭ تۇرۇپ
مۇداپىئە قىلدى. بۇ ئارىدا تۆمۈر سىجاڭنىڭ قوماندانلىرىدىن ھاپىز،
ئەھمەدخان ۋە ھەمدەم بەگ قاتارلىق كىشىلەر خوجىنىياز ھاجىنىڭ قېشىغا
بارىمىز دەپ، ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ، بىردىن – ئىككىدىن ئوسمان ئەلى بەگدىن
ئايرىلىپ كۇچاغا كەتكىلى باشلىدى. نەتىجىدە، ئوسمان ئەلى بەگنىڭ كۈچى ئاز
قالدى ۋە يېڭىشەھەر مۇھاسىرىسى ئاجىزلاشتى.
ئوسمان ئەلى سىجاڭ بولغاندىن كېيىن، سابىت داموللا ھاجىم يوشۇرنۇپ ياتقان
يېرىدىن چىقىپ، ئوسمان ئەلى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتتى. بۇنىڭ
سايىسىدا، خوتەنلىك ۋە غەربىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنى يېنىغا يىغىپ؛
خوتەن ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە قىلىش ئورگىنى سۈپىتىدە ( خوتەن ئىدارىسى
جەمئىيىتى) نى قۇردى. بۇ جەمئىيەتنىڭ مەقسىتى، قەشقەردە ئاستا – ئاستا
خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىپ، قەشقەر بىلەن خوتەننى بىرلەشتۈرۈش
ئىدى. خوتەن ھۆكۈمىتىمۇ بۇنى قوللىدى ۋە پۈتۈن چىقىملىرىنى خوتەن
غەزىنىسىدىن بەردى. قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە بۇ جەمئىيەت تەرەققىي قىلدى.
ھەتتا بىر مىقدار ئەسكىرىي كۈچمۇ توپلىدى. ئوسمان ئەلىنىڭ قول ئاستىدىكى
بىر قىسىم قۇماندانلىرىمۇ مەخپىي ھالدا خوتەن ئىدارىسى جەمئىيىتىگە
قېتىلدى. بۇ جەمئىيەتنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىدىكى مۇھىم ئامىل:
بىرىنچىسى، خوتەن ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن خېلى كۆپ ماددىي ياردەم. ئىككىنچىسى،
ئوسمان ئەلىنىڭ ئەيشى – ئىشرەتكە بېرىلىپ كېتىپ، ئەتراپىدىكى ئىشلاردىن
بىخەۋەر يۈرگەنلىكى ئىدى.
ئوسمان ئەلى غەيرەتلىك ۋە باتۇر يىگىت ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۆزى ساۋاتسىز
بولۇپ، ئەسكىرىي قوشۇننى يېتەكلەش قابىلىيىتى ۋە تەجرىبىسى يوق ئىدى. شۇنىڭ
ئۈچۈن ھاكىمىيىتى ئىككى ئايدىن ئوشۇق داۋام قىلالمىدى. ئۇنىڭغا تەۋە بولغان
چوڭ قوماندانلاردىن ئۆزبېك سېتىۋالدى جان، يۈسۈپ جان ۋە قىرغىزلاردىن ئوراز
بەگ، چىپەك قازى، ئابدۇخالىق ۋە ئادى قاتارلىقلار ئوسمان ئەلىدىن نارازى
بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاشكارا دۈشمەنلىك قىلىشقا باشلىدى. ئوسمان ئەلى بۇنى
كۆرۈپلا ئۆزىگە سادىق بولغان بىرەر مىڭدەك قىرغىز ئەسكىرىنى توپلاپ، پۈتۈن
توپ، ئوق – دورا قاتارلىق قوراللارنى ئېلىپ بىر كېچىدە تاغقا قاچتى. ئوسمان
ئەلى قاچقاندىن كېيىن، قالغان پۈتۈن ئەسكەرلەر ئوراز بەگنىڭ قول ئاستىدا
قالدى. ئوراز بەگ دەرھال بىرەر مىڭدەك ئەسكەر بىلەن يۈسۈپ جاننى ئوسمان
ئەلىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ تۇتۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى. يۈسۈپ جان ئۇشتۇمتۇت
ھۇجۇم قىلىپ، ئوسمان ئەلىنى ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك ئادىمى بولغان خوش مۇھەممەدنى
تۇتۇپ، بىر قىسىم توپ ۋە قوراللارنى ئولجا ئېلىپ قەشقەرگە يېنىپ كەلدى.
شۇ
كۈندىن باشلاپ، قەشقەردە مەمۇرىي ئىشلار سابىت داموللا ھاجىمنىڭ ۋە
ئەسكىرىي ئىشلار ئوراز بەگنىڭ مەسئۇلىيىتىدە بىر ھۆكۈمەت شەكىللىنىپ،
«خوتەن ئىدارىسى جەمئىيىتى» ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە،
ھىندىستاندىن ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن بەزى «ماجىراپەرەست» كىشىلەر ئوتتۇرىغا
چىقىشتى. بۇلار ئۆزلىرىنى «چوڭ ئىشلار قىلغان»، «كاتتا بىلەرمەن» دەپ
كۆرسىتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ۋە ئەسكىرىي ئىشلارغا ئارىلاشقىلى تۇردى.
بۇلاردىن بەزىلىرى سابىت داموللا ھاجىمنىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىلىرى بولدى.
سابىت داموللا ھاجىم، خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ياكى خوجىنىياز ھاجىنىڭ پىكرىنى
سورىمايلا مىنىستىرلەر كابېنتىنى قۇردى. 1933 – يىلى 11 – ئاينىڭ 12 –
كۈنى، ئۆزى باش مىنىستىر ۋە باشقا 16 ئەزادىن تەركىب تاپقان مىنىستىرلەر
كابېنتىنى ۋاقىتلىق «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى» دەپ
مۇراسىم بىلەن ئېلان قىلدى. بۇ كابېنتنىڭ ئەزالىرىدىن ئۈچ كىشىدىن باشقىسى
مىللىي ئىنقىلاب كومىتىت ئەزالىرىدىن بولماستىن خەلق نەزىرىدە بۇ خىزمەتكە
لايىق ئادەملەردىن ئەمەستى. شۇڭا، مەيلى خوتەن ھۆكۈمىتى بولسۇن ياكى
خوجىنىياز ھاجى بولسۇن بۇ ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلمىدى. سابىت داموللا ھاجىم
مەزكۇر كابېنت نامىدىن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا بىر تۇتاش قوللىنىلىدۇ
دېگەن ھۆكۈم بىلەن قەغەز پۇل چىقاردى. ئەمما، يۇقىرىقىدەك نارازىلىق
سەۋەبىدىن بۇ پۇل قەشقەردىن باشقا يەردە ئاقمىدى. يېرى كەلگەندە بۇ
ۋەقەلەرنى تەپسىلىي سۆزلەپ ئۆتىمەن.
11 –
پەسىل
ئۈرۈمچىدىكى ھادىسىلەر
1933
– يىلى ئەتىياز پەسلىدە، جىن شۇرىن ھاكىمىيىتى ئاستىدا پەقەت ئۈرۈمچىلا
قالغانىدى. گۇچىڭ تۇڭگانلارنىڭ ۋە جىمىسار خوجىنىياز ھاجىنىڭ قولىغا
ئۆتكەندىن كېيىن، جىن شۇرىن خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئۈرۈمچى
ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى مۇھىم كىشىلەر ئارىسىدا جىن شۇرىننى ئاغدۇرۋېتىش ئۈچۈن
يوشۇرۇن ھەرىكەت باشلىنىدۇ.
جىن
شۇرىن ئۇزۇن زاماندىن بېرى كۆچمەن ئاق ئورۇسلارنى ئەسكەرلىككە ئېلىشتىن
ئېھتىيات قىلىپ كەلگەنىدى. لېكىن، چىنلىق ئەسكەرلەر بىلەن ئىنقىلابنى
باستۇرۇپ بولالمىغانلىقتىن، مەجبۇرىي ھالدا ئاق ئورۇسلاردىن ئەسكەرلىككە
ئېلىپ، ئۇلارنى ئىنگلىزلاردىن سېتىۋالغان قوراللار بىلەن قوراللاندۇردى.
1933 – يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، كۆچمەن ئاق ئورۇسلار بىلەن جىن
شۇرىن ئارىسىدا بىر ئىشەنچسىزلىك پەيدا بولۇپ، بۇ ئىشەنچسىزلىك بارغانسېرى
كۈچەيدى. ئاق ئورۇسلار بىر تەرەپتىن مىللىي ئىنقىلابنىڭ كېڭىيىپ
كەتكەنلىكىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەڭ مۇھىمى جىن
شۇرىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇشى ئۇلارنىڭ
ئاقىۋىتى ئۈچۈن ئەڭ خەۋپلىك بىر ئىش ئىدى. ئاق ئورۇسلار بىلەن جىن شۇرىن
ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچسىزلىكنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدە، ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت
كونسۇلخانىسىنىڭمۇ رولى بار دېگۈچىلەر ئاز ئەمەس.
1931
– يىلى چىن – ياپون ئۇرۇشىدا، ياپونلاردىن قېچىپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن
پاناھلىق تىلىگەن مانجۇرىيەلىك چىن ئەسكەرلىرىدىن بىر قىسمىنى، 1933 – يىلى
سوۋېت ھۆكۈمىتى جىن شۇرىنگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇ ئەسكەرلەرگە 1933 – يىلى 1
– ۋە 2 – ئايدا، ئەسلى مانجۇرىيەلىك بولغان شېڭ شىسەينى «شېڭ زىخۇي» دېگەن
ئۇنۋان بىلەن قوماندان قىلىپ، قۇمۇل ۋە تۇرپان ئۇرۇشىغا سالدى. كېيىنچە،
ئاق ئورۇسلار ۋە مانجۇرىيەدىن كەلگەن چىنلىق ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا جىن
شۇرىنغا قارشى بىر ئىتتىپاق مەيدانغا كەلدى. بۇلار مەسلىھەتلىشىپ، 1933 –
يىلى 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئۈرۈمچى نەنگۇئەندە تۇرۇشلۇق 400 ئەسكەر
بىرلىشىپ جاڭجۈن يامۇلغا بېسىپ كىردى. جىن شۇرىننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ
تاشلاشنى تەلەپ قىلدى. جىن شۇرىن بۇ ۋەقەدىن خەۋەردار بولغانلىقى ئۈچۈن
يامۇلغا خېلى كۆپ ئەسكەر توپلىغانىدى. ئىككى قىسىم ئوتتۇرىسىدا قاتتىق
ئۇرۇش بولدى. ئاخىرى جىن شۇرىن مەغلۇپ بولدى. ئۇ جېنىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن
قاتتىق قورقۇپ، قوزغىلاڭچىلارغا مەخپىي ئادەم چىقىرىپ، ئۆزى يالغۇز بالا –
چاقىلىرىنى ئېلىپلا ئۈرۈمچىدىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. قوزغىلاڭچىلار
بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلىپ، جىن شۇرىننى بالا – چاقىلىرى بىلەن بىر ماشىنىغا
سېلىپ ئارقا دەرۋازىدىن چىقىرىۋەتتى. جىن شۇرىننىڭ ئەسكەرلىرى
باشلىقلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاق ئورۇسلارغا تەسلىم بولدى. جىن شرىن
شۇ قاچقانچە 4 – ئاينىڭ 22 – كۈنى چۆچەك ئارقىلىق سوۋېتقا ئۆتۈپ ئۇ يەردىن
چىنغا كەتتى.
جىن
شۇرىن كەتكەندىن كېيىن، «ئۆلكىدە خەپىسىزلىكنى ساقلاش ئالىي كومىتېتى»
دېگەن بىر ھەيئەت قۇرۇلدى. ئالىي كومىتېت، 80 ياشقا كىرگەن مائارىپ نازىرى
لىيۋەنلۇڭنى رەئىس ۋە مانجۇرىيەدىن كەلگەن ئەسكەرلەرنىڭ باشلىقى دىڭچىنى
ھەربىي ئىشلارغا باشلىق قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. ئالىي كومىتىت، 1 – خەلقنىڭ
ھاياتىنى، مال – مۈلكىنى مۇھاپىزەت قىلىش؛ 2 – جىن شۇرىننىڭ ھاياتىغا ۋە
مال – مۈلكىگە دەخلى قىلماسلىق؛ 3 – سوۋېت كونسۇلخانىسىنى قوغداش؛ دېگەن
ئۈچ ماددىلىق قارار ئېلان قىلدى.
شۇ
كۈنلەردە شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ، قۇمۇلدىن ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. بۇ
ۋەزىيەتتە ئالىي كومىتېت شېڭ شىسەينى 4 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ھەربىي نازىر ۋە
« دۇبەن »، يەنى ھەربىي ۋالىي ياكى چېگرا مۇداپىئە قوماندانى قىلىپ
تەيىنلەشكە مەجبۇر بولىدۇ ۋە 44 كىشىدىن تەركىپ تاپقان «ۋاقىتلىق ئۆلكىلىك
ھۆكۈمەت» قۇرۇلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەزالىرى ئىچىدە لىيۋەنلۇڭ (رەئىس)، گېمىركىن،
پاپانگوت، شېڭ شىسەي، نەزەر بەگ (قۇمۇل ۋاڭى)، ھۇسەيىن باي، ئابدۇقادىر،
ئاباۋ، تۇڭباۋ ۋە جاڭۋەن قاتارلىق كىشىلەر بار ئىدى. ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان
قارارلىرىدا، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە مائارىپتا ھەر مىللەت ھوقۇقتا باراۋەر
بولۇش، ھەر مىللەت كىشىلىرىدىن ئېمتىھان ئېلىش يولى بىلەن ۋە سايلام قانۇنى
بويىچە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قاتنىشىش ۋە تاشقى ئىشلار چىن مەركىزى
ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا بولۇش قاتارلىق ماددىلار بار ئىدى. بۇ چاغدا شەخسىي
ياكى سىياسىي كۆز قاراش جەھەتتىن شېڭ شىسەينىڭ دۇبەن بولىشىغا قارشى
چىققانلار بىرلىشىپ، ئۇنى ئاغدۇرۇشنى پىلانلىغان. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان
شېڭ شىسەي بىر قانچە چىنلىق مەنسەپتارنى ۋە ئاق ئورۇسلاردىن گېمىركىن ۋە
پاپانگوتلارنى تۇتۇۋېلىپ ئۆلتۈرۋەتكەن. شېڭ شىسەي ھوقۇقنى قولىغا ئېلىپلا
خوجىنىياز ھاجىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ جىن شۇرىن ۋە خوجىنىياز ھاجى
ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «شىمىگو كېلىشىمى» گە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى
بىلدۈرگەن. بۇ ئارىدا چىن مەركىزى ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەينىڭ پائالىيەتلىرىنى
كۆزىتىش ئۈچۈن ۋە بۇ يول بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى چىن مەركىزى
ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزىنى كۈچەيتىش مەقسىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە تۇرۇشقا بىر ھەيئەت
ئەۋەتكەن. لېكىن، شېڭ شىسەي بۇ ھەيئەتنى ھېچ بىر ئىشقا ئارىلاشتۇرمىغان.
ھەيئەتنى ھەر خىل يوللار بىلەن قورقۇتۇپ، چىنغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇرلىدى.
ما
جۇڭيىڭ شۇ كۈنلەردە (1933 – يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا) خوجىنىياز ھاجى ۋە
مەھمۇد مۇھىتىنى مەغلۇپ قىلىپ، تۇرپان، پىچان، قاراشەھەر ۋە بارىكۆل
قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىگەن. بۇ جايلاردىكى يەرلىك خەلق ۋە تۇڭگانلاردىن
كۆپ ساندا ئەسكەر ئېلىپ خېلى كۈچ توپلىغانىدى. بىر بۆلۈم ئەسكەرلىرىنى ما
خىيىڭ قوماندانلىقىدا ئالتايغا ئەۋەتىپ، ئۆزى 9 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن
باشلاپ ئۈرۈمچىگە يۈرۈش قىلدى. بۇ جەرياندىكى ئۇرۇشلاردا شېڭ شىسەي مەغلۇپ
بولۇپ، ئۈرۈمچىگە چېكىنگەنىدى.
ما
جۇڭيىڭ جاڭ بەييۇەن بىلەن بىرلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم
قىلىشقا كېلىشىدۇ. يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، غۇلجا ۋىلايىتى
ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، جاڭ بەييۇەن ۋىلايەتنى ئۆز ئالدىغا ئىدارە
قىلىپ ئەسكەر توپلىماقتا ئىدى. ئۇ چىنلىق، تۇڭگان، تارانچى، قازاق ۋە
قالماقلاردىن 15000 يېقىن ئەسكەر توپلىدى. سوۋېت تەسىرىنىڭ شەرقىي
تۈركىستانغا كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى. رۇسىيە
چېگرىسىنى قاتتىق چىق تۇتتى. بۇنىڭغا نارازى بولغان سوۋېت ھۆكۈمىتى جاڭ
بەييۇەنگە زەربە بېرىش پۇرسىتى كۈتۈپ تۇراتتى.
ما
خىيىڭ ئالتاينى ئالغاندىن كېيىن، چۆچەك ۋە ماناسنىمۇ قولغا چۈشۈرۈپ،
داۋانچىڭدىن ئۈرۈمچىگە ھۇجۇمغا ئۆتكەن ما جۇڭيىڭ قىسىملىرى بىلەن
بىرلىشىشكە تىرىشىدۇ. جاڭ بەييۇئەن ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە يۈرۈش
قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى تۆت تەرەپتىن قورشاۋغا ئېلىنىدۇ.
ما
جۇڭيىڭ 1934 – يىلى 1 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئۈرۈمچىگە بېسىپ كىرىپ، نەنگۇئەن
بازىرى، ئايرودروم ۋە رادىئو ئىستانسىسىنى قولغا چۈشۈرىدۇ. شېڭ شىسەي ئەڭ
خەۋپلىك ھالدا تۇرۇۋاتقان بۇ پەيتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستانغا
ئەسكەر كىرگۈزۈپ ئۇرۇشقا ئارىلاشتى. سانى نامەلۇم بىر سوۋېت قوشۇنى تانكا،
توپ – زەمبىرەك ۋە ئايروپىلانلار بىلەن چېگرىدىن ئۆتۈپ، جاڭ بەييۇەن
قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى تار – مار قىلىۋەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ما
جۇڭيىڭ قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۈرۈمچىگە غەربىي شىمال تەرەپتىن ئۇچۇپ
كەلگەن ئايروپىلانلار ما جۇڭيىڭنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۈستىگە يامغۇردەك بومبا
ۋە ئوق ياغدۇرۇپ تېرە – پىرەڭ قىلىۋېتىدۇ. تۇڭگانلار نۇرغۇن ئەسكەرلىرىدىن
ئايرىلىپ تۇرپانغا قاچىدۇ. ھەتتا، بۇ ئۇرۇشتا ما جۇڭيىڭنىڭ ئۆلگەن خەۋىرى
تارقالغانىدى. داۋانچىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن، ما جۇڭيىڭنىڭ ھۇجۇم قىلغۇدەك
كۈچى قالمايدۇ. ئالتى شەھەرگە بېرىشتىن قورقۇپ، كۇچادىكى كۈچلىرىنىمۇ
قايتۇرۇپ كېلىدۇ، قاتتىق ئالاقزادىلىك ئىچىدە قالىدۇ.
جاڭ
بەييۇەننى قېچىپ كېتىۋاتقاندا تاغدا ئۆز ئادەملىرى ئۆلتۈرۋېتىدۇ (ئۆزىنى
ئۆلتۈرۋالغان دېگەن سۆزلەرمۇ بار). بۇ چاغدا غۇلجىدىكى تارانچىلار ۋە
تۇڭگانلار بىرلىشىپ مۇداپىئەگە تەييارلىنىپ قاتتىق تۇرۇپ ئۇرۇشقان. ئاخىرى
تارانچىلار تۇردى ئاخۇنباي دېگەن بىرسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تەسلىم بولىدۇ.
تۇڭگانلار بولسا جەنۇبتىكى تاغلارغا قېچىپ كەتكەن. قازاق ۋە قالماقلارمۇ
تارقىلىپ، تاغلاردىكى يايلاقلارغا قېچىپ كەتكەن. قاچقان تۇڭگانلار
تەڭرىتاغلىرىدىن كۈنەس ۋە يۇلتۇز يولى بىلەن مېڭىپ، رامىزان ئېيىدا كۇچاغا
كەلدى.
مانا
شۇنىڭ بىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاشكارا ئەسكەر كىرگۈزۈپ ياردەم قىلىشى
بىلەن شەرقىي تۈركىستان شېڭ شىسەينىڭ مۇتلەق ھاكىمىيىتى ئاستىدا قالدى.
تۇردى ئاخۇنباي غۇلجا ۋىلايىتىگە دوتەي ( ۋالىي) بولدى. سوۋېت ئەسكەرلىرى
توپ، تانكىلىرىنى ئېلىپ ئۆز چېگرىسىغا قايتىپ كەتتى.
ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قولىمىزغا كەلگەن مەلۇماتلار قىسقىچە
يۇقىرىقىدىن ئىبارەت. جىن شۇرىننىڭ ئاغدۇرۇلۇشى، شېڭ شىسەينىڭ دۇبەن
بولىشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شېڭ شىسەينى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەسكەر كىرگۈزۈشى
ۋە ھەتتا ما جۇڭيىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئىككىنچى قېتىم چىقىشى بۇلارنىڭ
ھەممىسى سىرلىق ۋەقەلەردۇر. بۇلارنى قاراڭغۇ سىر پەردىسى ئارقىسىدىن
يورۇقلۇققا چىقىرىپ، ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، كەلگۈسىمىزدە
تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىدىغان زىيالىيلىرىمىزغا ئامانەت قىلىنغان بىر
ۋەزىپىدۇر.
12 –
پەسىل
مىللىي ئىنقىلابچىلىرىمىزنىڭ چەتئەللەر بىلەن مۇناسىۋىتى
چەت
دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقى، ھەممىدىن بۇرۇن
خوتەن ئىنقىلابچىلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. شەرقىي تۈركىستان
ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئومۇمەن ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىگە قارشى چىققانلىقى، چىن
مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قارشى بىر ۋەزىيەتتە بولمىغانلىقى ئېنىق. لېكىن، چىن
بىلەن ئارىمىزدىكى يول بەك يىراق ۋە ئوتتۇرىدا دۈشمەن بار ئىدى. ئۇنىڭ
ئۈستىگە چىن ھۆكۈمىتى ئىنقىلابچىلارغا يامان كۆزى بىلەن قاراپ، پۈتۈن كۈچى
بىلەن ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىگە ياردەمدە بولۇۋاتقانلىقىدىن، رەسمىي مۇناسىۋەت
باغلاش مۇمكىن ئەمەستى. تۆۋەندە، مىللىي ئىنقىلابچىلارنىڭ قوشنا دۆلەتلەر
بىلەن مۇناسىۋەت پەيدا قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقى ۋە بۇنىڭ جەريانلىرىنى
بايان قىلىپ ئۆتىمىز.
خوتەن ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي
تۈركىستان ھەققىدىكى سىياسىتى توغرىسىدا غەيرىي رەسمىي يوللار بىلەن
مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتى. بۇ مەلۇماتلارغا قارىغاندا ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى مەسىلىسىدە، پۈتۈنلەي بىتەرەپ مەيدانىدا
تۇرۇشقا قارار قىلغانلىقى مەلۇم بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھىندىستان بىلەن
ئالاقە قىلىشنىڭ پايدىسى يوقتى. رۇس ھۆكۈمىتىنىڭ، مىللىي ئىنقىلابچىلارغا
كۆرۈنۈشتە ھېسداشلىق قىلىپ، تەلەپ قىلغان ياردەمنى قىلىش بىلەن شەرقىي
تۈركىستاندىن كۆزلىگەن مەنپەئەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش سىياسىتى
يۈرگۈزىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى، بىزگە كېرەكلىك
دەرىجىدە ياردەمدە بولالمىسىمۇ، دىنداشلىق، قوشنىدارچىلىق ۋە بىر ئوتتۇرا
ئاسىيالىق بولۇش ئېتىبارى بىلەن بىلمىگەنلىرىمىزنى بىلدۈرۈش سۈرىتى بىلەن
ھەر جاھەتتە ياردەمدە بولىدۇ، دېگەن ئۈمىدىمىز بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، 10 –
ئايدا پوسكامغا بارغان چېغىمدا قۇربانىللا ۋە مىيان ھەسەن خانلارنى
ئافغانىستانغا، خوتەن ھۆكۈمىتى نامىدىن بىر غەيرىي رەسمىي ھەيئەت سۈپىتىدە
ئەۋەتىپ، ئۆزۈم خوتەنگە قايتتىم. ئۇلار 11 – ئايدا يولغا چىقتى.
ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بۇ ھەيئىتىمىزنى كۆپ ئېھتىرام بىلەن كۈتۈۋالغانىدى.
لېكىن، ئارىدىكى يول ئۇزاق بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇسبەت ياكى مەنفىي بىر
نەتىجە قولغا كەلگۈچە بىز ۋەتەندىن ئايرىلدۇق. ھەيئەت ئەزالىرىمىز
ئافغانىستاندا قالدى.
خوجىنىياز ھاجىغا كەلسەك، ئۇنىڭ يېنىدا بۇرۇن رۇسىيىدە قىزىل تەشكىلاتقا
116 ئەزا بولغان بەزى ۋەتەن ساتقۇچ شەرقىي تۈركىستانلىقلار بار ئىدى.
خوجىنىياز ھاجى، بۇلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن پۈتۈن ئۈمىدىنى رۇسلارغا
باغلىغانىدى. خوجىنىياز ھاجى، رۇسلار بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ، بىر مىقدار
مىلتىق ۋە ئوق – دورا ئېلىش ئۈچۈن پۈتۈشكەندىن كېيىنلا، ئاندىن بىز ئۇنىڭ
بۇ سىياسىتىدىن ۋاقىپ بولدۇق. بىز ئۇنىڭغا، بۇ سىياسىتىنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن
خەۋپلىك بىر ئاقىۋەت كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ خەت يازدۇق.
خوجىنىياز ھاجى بىزنىڭ بۇ خېتىمىزگە «بىزگە توپ، تانكا ۋە ئايروپىلان
قاتارلىق ئۇرۇش قوراللىرى كېرەك. بۇنى بىزگە رۇسلار (سوۋېت ئىتتىپاقى) دىن
باشقا قوشنا دۆلەتلەر بەرمەيدۇ. رۇسلار بىزگە بۇ قوراللارنى بېرىدىغان
بولدى. بىزمۇ بۇ قوراللارنى ئېلىش ئۈچۈن رۇسلارنىڭ قويغان شەرتلىرىنى قوبۇل
قىلدۇق. يۇرتنى ئۆز قولىمىزغا ئالغاندىن كېيىن بۇ شەرتلەرنى ئۆزگەرتىمىز.
خاتىرجەم بولىڭىزلار» دەپ جاۋاب بەردى. خوجىنىياز ھاجى رۇسلارغا شۇ
ئىمتىيازلارنى بېرىشكە ماقۇل بولغانىدى:
(1)
شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن تاشقى سودا تىجارىتى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن
بولىدۇ. ھىندىستان ۋە ئافغانىستان بىلەن بولغان تاشقى تىجارىتى
توختىتىلىدۇ. (2) سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا دۆلەت بىلەن سىياسىي مۇناسىۋەت
ئورناتماسلىق. ھەربىي تەلىم – تەربىيە ئۈچۈن كېرەكلىك ئادەملەرنى سوۋېت
ئىتتىپاقىدىن چاقىرتىش. باشقا ھەرقانداق بىر چەت ئەللىكنى ئىشقا سالماسلىق.
خوجىنىياز ھاجىنىڭ، رۇسلارغا بەرگەن ئىمتىيازلىرىدىن بىزگە بىلدۈرگەنلىرى
يۇقىرىقىلاردىن ئىبارەت. بىزدىن مەخپىي تۇتقان، بۇلاردىنمۇ قورقۇنچلۇق
بولغان ماددىلىرىنىمۇ بىلىمىز. لېكىن، ئۇلارنى تىلغا ئېلىپ ئولتۇرۇشنى
مۇناسىپ كۆرمىدۇق. شۇنداق قىلىپ، خوجىنىياز ھاجى رۇسلارنىڭ ئازغىنە
ۋەدىسىگە ئالدىنىپ، ئۆزىمۇ سەزمەيلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن تەقدىرىنى
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قولىغا قۇتقۇزۇشقا ماقۇل بولدى. چۈنكى، ئۇ شەيتاننىڭ
ھىيلە – مىكىرلىرىگە گول بولۇپ، زور بىر سىياسىي ئويۇندىن خەۋەرسىز
قالغانىدى.
سابىت داموللا ھاجىم قەشقەردە ھۆكۈمەت قورقۇپ چىققاندىن كېيىن، سىياسەت
ئىشىدا ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، ھىندىستان، ئافغانىستان ۋە تۈركىيە بىلەن
سىياسىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قارار قىلدى. ئەپسۇسكى، بۇ ئىش ئۈچۈن «شەرقىي
تۈركىستاننىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى» ئۇنۋانى بىلەن تەيىنلىنىپ ئەۋەتىلگەن
كىشى، تېخى يېڭىلا تۈركىيەدىن كەلگەن بىر ماجىرا پەرەست ئادەم ئىدى. بۇ
ئەلچى ھىندىستانغا بېرىپ، 3 – 4 كۈن ئۇياق – بۇياققا قاتراپ يۈرۈپ، ھېچ بىر
ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماي، ئاخىرى پېشىنى قىستۇرۇپ تۈركىيەگە كەتتى.
داموللا ھاجىم بەرگەن ئالتۇنلارنى دەسمايە قىلىپ، ئىزمىردە چوڭ بىر دۇكان
ئېچىپ ئولتۇردى.
13 –
پەسىل
خوجىنىياز ھاجى ۋە تۇڭگانلار
ما
جۇڭيىڭ ئۈرۈمچى سوقۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، تۇرپانغا كېلىپ دەرھال
ئالتى شەھەرگە يۈرۈش قىلىش ياكى چارقىلىق يولى بىلەن چىنغا كېتىشنى
ئويلىنىپ قالدى. ئاخىرى، قاراشەھەر ۋە كورلىنى ئىشغال قىلىشنى قارار قىلىپ،
ئىككى مىڭغا يېقىن ئەسكىرىنى قاراشەھەرگە ئەۋەتتى. تۇڭگانلار ئالدىن، «ما
جۇڭيىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قاراشەھەرگە كېلىۋاتىدۇ» دېگەن سۆزنى
تارقاتقانلىقتىن، مەھمۇد سىجاڭ ما جۇڭيىڭنىڭ پۈتۈن كۈچىگە تاقابىل
تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، قاراشەھەر ۋە كورلىنى بوشىتىپ كۇچاغا كەلدى.
بۇنىڭ بىلەن تۇڭگانلار غەيرەتكە كېلىپ، كۇچاغا ھۇجۇم قىلدى.
خوجىنىياز ھاجى كۇچادىنمۇ چېكىنىپ بايغا كەلدى. بۇ يەردە تۇڭگانلار ئاز بىر
قىسىم ئەسكەر بىلەن كەلگەنلىكى، ما جۇڭيىڭنىڭ كەلمىگەنلىكى مەلۇم بولدى.
شۇنىڭ بىلەن مەھمۇد سىجاڭ بايدا توختىدى ۋە خوجىنىياز ھاجىمۇ ئاقسۇغا
كەلدى.
مەھمۇد سىجاڭ، كۇچاغا ھۇجۇم قىلاي دەپ تۇرغىنىدا، ما جۇڭيىڭنىڭ داۋانچىڭ
ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ قاچقانلىق خەۋىرى كەلدى. بۇنى ئاڭلىغان تۇڭگانلار،
ئەمدى مەھمۇد سىجاڭ كۇچاغا ھۇجۇم قىلىدۇ دەپ قورقۇپ، بىر كېچىدە كۇچانى
تاشلاپ قاچتى ۋە شۇ قاچقىنىچە قاراشەھەرگە بېرىپ توختىدى. مەھمۇد سىجاڭ،
بۇنى ئاڭلاپ دەرھال كۇچاغا يۈرۈش قىلدى ۋە كورلىنى ئېلىپ باش ئەگىم
ئېغىزىنى ئىستىھكام قىلىپ ئورۇنلاشتى.
مەھمۇد سىجاڭ بايدىكى ۋاقتىدا، تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئادەملىرىدىن ھاپىز باشلىق
بىرەر مىڭدەك كىشى قەشقەردىن بايغا كېلىپ، مەھمۇد سىجاڭغا قوشۇلغانىدى.
ئەينى زاماندا، خوجىنىياز ھاجى، قەشقەر ۋە خوتەندىن ئەسكىرىي ياردەم تەلەپ
قىلدى. قەشقەر ھۆكۈمىتى تېخى يېڭى قۇرۇلغانلىقتىن ئەسكىرىي ياردەم
ئەۋەتكىدەك ئەھۋالدا ئەمەستى. خوتەندىن ئىسمائىل داموللا قوماندانلىقىدا
بەش يۈز ئاتلىق ئەسكەرنى خوتەن قېيى يولى بىلەن يوللىدۇق. يەركەندىن ياردەم
ئۈچۈن ئاشلىق ئەۋەتىش ھازىرلىقىنىمۇ باشلىدۇق117.
بۇ
ئارىدا، خوجىنىياز ھاجىغا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مىڭ ئىككى يۈز مىلتىق، بىر
مىليون كارتۇس، بىرەر مىڭدەك قول بومبىسى ۋە تاپانچا كەلدى. خوجىنىياز
ھاجى، باش ئەگىمدىكى ئىستىھكامغا تولۇق ئىشەنگەنىدى.
14 –
پەسىل
يەنە
خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەلىرى
1933
– يىلى 10 – ئايدىن باشلاپ، خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىسى تۆۋەندىكى
مەزمۇنلارغا مەركەزلەشكەنىدى:
1-
خوجىنىياز ھاجىغا، ئەسكىرىي ۋە ماددىي ياردەم ئەۋەتىش.
2-
قەشقەر يېڭىشەھەردىكى ما جىسا باشچىلىقىدىكى تۇڭگانلارنى يوقىتىش ئۈچۈن
قەشقەر ھۆكۈمىتىگە ئەسكىرىي ياردەم بېرىش.
3-
شەرقتىكى چېگرىمىزنى، يەنى چارقىلىق ۋە لوپ كۆلى ئەتراپىدىكى جايلارنى
تۇڭگانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە قىلىش.
خوجىنىياز ھاجىغا ياردەم ئەۋەتىشكە باشلىغانلىقىمىزنى يۇقىرىدا بايان
قىلغانىدۇق. خوجىنىياز ھاجى تۇڭگانلارنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى مۇداپىئەدە بىرئاز
غەيرەت كۆرسەتكەن بولسا، مەن ياكى ئىككى ئىنىمنىڭ بىرسى خوتەننىڭ ئاساسلىق
كۈچىنى ئېلىپ ياردىمىگە بارماقچى بولغانىدۇق.
قەشقەر ھۆكۈمەت ئەزالىرى ۋە ئەسكەرلىرى ھەرخىل مۇرەككەپ كىشىلەردىن تەركىپ
تاپقانلىقى ئۈچۈن (بۇلارنى تۆۋەندە نۆۋىتى كەلگەندە بايان قىلىپ ئۆتىمەن)
تەشكىلىي قۇرۇلۇشى ئاجىز ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، قەشقەر يېڭىشەھەردىكى
تۇڭگانلارغا قارشى ئاكتىپ بىر ھەرىكەت ئېلىپ بارماي، پەقەت مۇداپىئە
ۋىزىيىتىدە تۇرۇۋاتاتتى. بۇ ۋەزىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، سابىت داموللا
ھاجىم خوتەن ھۆكۈمىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، ئارقا – ئارقىدىن خەت ۋە
ۋەكىل ئەۋەتكىلى تۇردى. بىز دەرھال ئەمىر ئابدۇللاھ باشچىلىقىدا بىرەر
مىڭدەك ئەسكەرنى يېڭىسارغا يوللىدۇق. لېكىن، قەشقەرگە كىرىشكە
ئالدىرىماسلىقنى ۋە قەشقەردىكى بىر – بىرىگە زىت قوماندانلار بىلەن سەمىمىي
بىر ئىتتىپاق شەكىللەندۈرگەندىن كېيىنلا كىرىشنى تاپشۇردۇق.
ئەمىر ئابدۇللاھ بېرىلگەن ۋەزىپە بويىچە يېڭىساردا توختىدى. 1933 – يىلى 12
– ئاينىڭ 18 – كۈنى، سابىت داموللا ھاجىم يېڭىسارغا كەلدى ۋە ئەمىر
ئابدۇللاھ بىلەن تولۇق ئىتتىپاقلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇزاكىرە ئېلىپ
باردى. نەتىجىدە، قەشقەر يېڭىشەھەرگە جەنۇب ۋە شەرق تەرەپتىن ئەمىر
ئابدۇللاھ، غەرب ۋە شىمال تەرەپتىن قەشقەر ئەسكەرلىرى بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم
قىلىشنى قارارلاشتۇرۇپ، ھۇجۇم قىلىش ۋاقىت – سائىتىنىمۇ بىكىتىشتى. بۇ
مۇزاكىرىدىن كېيىن، داموللا ھاجىم قەشقەرگە قايتتى. 1934 – يىلى 1 – ئاينىڭ
6 – كۈنى، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا ئابدۇلغىنى ئاخۇن قوماندانلىقىدا 800 كىشىلىك
ئاتلىق قوشۇن، يېڭىشەھەردىن 15 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى تازغۇن كەنتىگە
كەلدى. لېكىن، قەشقەردىكى ئۆزبېك قوماندان يۈسۈپ جان بەلگىلەنگەن سائاتتە
ھۇجۇم قىلىشنى قوبۇل قىلمىغانلىقتىن قەشقەر ھۆكۈمىتى ئىچىدە ئىختىلاپ
تۇغۇلدى. ما جەنسا بۇ ۋەقەنى ئاڭلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تازغۇنغا ئۇشتۇمتۇت
ھۇجۇم قىلىپ، ئابدۇلغىنى ئاخۇن بىلەن 500 ئەسكىرىنى تۇرۇۋاتقان مەدرىسىدە
مۇھاسىرىگە ئېلىۋالدى. باشقا يەردە ئۈچ يۈزدەك ئەسكەر بىلەن تۇرۇۋاتقان
خوتەن قوماندانلىرىدىن مۇھەممەد ھاجى ۋە ئىلى قازانلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ
يېڭىسارغا قاچتى. ئابدۇلغىنى ئاخۇن ناھايىتى باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇشۇپ بەش
سائەت مۇداپىئە قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئوق – دورىلىرى تۈگەپ تەسلىم بولۇشقا
مەجبۇر بولدى ۋە ئۈچ يۈزگە يېقىن ئەسكىرى بىلەن ئەسىرگە چۈشتى.
قەشقەر ھۆكۈمىتى ما جەنسانىڭ ھۇجۇم خەۋىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ تازغۇنغا ياردەم
ئەۋەتمىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ئەمىر ئابدۇللاھنى يېڭىساردىن يەركەنگە
قايتۇرۇپ كېلىپ، ئورنىغا ئەمىر نۇر ئەھمەدنى مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن
ئەۋەتتۇق. ئۇنىڭغا قەشقەردە ئۆزبېك ۋە قىرغىز ئەسكەرلىرى بولىدىكەن ياردەم
ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتمەسلىكىنى ئۇقتۇردۇق.
1933
– يىلى 12 – ئاينىڭ باشلىرىدا، شەرقتىكى چېگرىغا كېرىيەدىكى
ئەسكەرلىرىمىزنىڭ قوماندانى كامال داموللىنى ئەۋەتتۇق. كامال داموللا
چارقىلققا بېرىپ، تۇرپان ۋە گەنسۇ چېگرىلىرىنى كۆزىتىپ چىقتى. قارشى
تەرەپكە مۇنتىزىم خەۋەرچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئەھۋال ئىگىلەش خىزمىتىنى ئوبدان
ئىشلىدى. لوپ ناھىيىسىنىڭ كۆنچى دېگەن يېرىدىكى خەلق خوتەن ھۆكۈمىتىگە
بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كامال داموللىنىڭ قول ئاستىغا كىردى (23 –
خەرىتىگە قاراڭ).
بۇ
ئەسنادا، قەشقەردە يۈزبەرگەن ھەقىقەتەن يۈرەكنى پارە قىلىدىغان ھادىسىلەر
ئىدى. يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، قەشقەر ھۆكۈمەت ئەزالىرى ۋە
ئەسكەرلىرى قەشقەرلىقلار، ئۆزبېك مۇھاجىرلار ۋە قىرغىزلاردىن ئىبارەت
ناھايىتى مۇرەككەپ ئامىللاردىن تەركىپ تاپقانىدى. بۇلار دائىم شەخسىي
مەنپەئەت ياكى ئۆزلىرىنىڭ لاياقەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن بىر – بىرلىرى بىلەن
ئىختىلاپ تۇغدۇرۇپ، بۆلۈنۈپ كۈچسىز بىر ھالەتكە چۈشۈپ قالغانىدى. شۇنىڭ
ئۈچۈن ئالتى مىڭ كىشىلىك قوراللىق قەشقەر ھۆكۈمىتى قوشۇنىنىڭ يېڭىشەھەر
مۇھاسىرىگە ئېلىنغان 1500 تۇڭگانغا كۈچى يەتمىدى. ھەتتا تۇڭگانلار كۈندىن
كۈنگە كۈچلىنىپ، پات – پات يېڭىشەھەر تېشىغا چىقىپ ئەتراپتا بۇلاڭ – تالاڭ
قىلىپ ئوزۇق توپلايتتى، كونا شاھەرگىمۇ ھۇجۇم قىلىپ پاراكەندىچىلىك
سالاتتى. مانا، شۇنىڭ ئۈچۈن سابىت داموللا ھاجىم خوتەن ھۆكۈمىتىدىن ياردەم
تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولغانىدى.
بۇ
ئېچىنىشلىق ئەھۋالنىڭ سەۋەبىنى ۋە ۋەقەلەر توغرىسىدا بىرئاز ئوچۇقراق
مەلۇمات بېرىشىنى پايدىلىق دەپ ھېسابلايمەن. قەشقەر ھۆكۈمەت ئەزالىرىدىن
ئاز بىر قىسمى كۆپ قابىلىيەتلىك، قىممەتلىك كىشىلەر بولسىمۇ، بەزىلىرى
غەربىي تۈركىستاندىن يېڭى كەلگەن تېگى – تەكتى مەجھۇل ۋە گۇمانلىق ئادەملەر
ئىدى. بەزىلىرى شەرقىي تۈركىستانلىق بولسىمۇ، ئىنقىلابىي تەشكىلات
ئەزالىرىدىن ئەمەستى. ئاغزىدىلا ۋەتەنپەرۋەر، بىلىمسىز ۋە جىددىي
پوزىتسىيەدە بولمىغان كىشىلەر ئىدى. سابىت داموللا ھاجىمنىڭ مەسلىھەتچىلىرى
ۋە كاتىپلىرىنىڭ تولىسى مەزكۇر مەجھۇل مۇھاجىر كىشىلەردىن ئىدى. قەشقەر
ھۆكۈمىتى ئەسكىرىي قىسمىنىڭ تەركىبىدە قەشقەر خەلقىدىن ئەسكەرلىككە
ئېلىنغانلار بەك ئاز بولۇپ، كۆپچىلىكى غەربىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرى ۋە
قىرغىزلاردىن ئىبارەت ئىدى. گەرچە، بۇلار ھەممىسى تۈرك ۋە مۇسۇلمان
بولسىمۇ، تەبىئىتى جەھەتتىن بىر – بىرلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىق ئىنسانلار
بولۇپ، ئۆز – ئارا چىقىشالماسلىق ھادىسىلىرى ئېغىر ئىدى. بۇ ئىختىلاپنى
توغرا باشقۇرۇش ۋە مۇنتىزىم بىر تەشكىل ئارقىلىق ھەل قىلىپ كېتىش مۇمكىن
ئىدى. ئەپسۇسكى، ھۆكۈمەت ئەزالىرى بولغان ۋە داموللا ھاجىمنىڭ
مەسلىھەتچىلىرى ۋە كاتىپلىرى بولغان مەزكۇر كېلىپ چىقىشى نامەلۇم سىرلىق
مۇھاجىر زاتلار، ھۆكۈمەت ۋە ئەسكەرلەر ئىچىدىكى يۇقىرىقىدەك ئىختىلاپلارنى
تۈزىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پىتنە – پاسات ئۇرۇقىنى
تېرىپ، ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلىشتا ئاكتىپ پائالىيەت كۆرسەتتى. ئۇلار
ئالدى بىلەن قىرغىز قوماندانلىرىدىن ئادى بەگ بىلەن باشقا قوماندانلار
ئارىسىدا دۈشمەنلىك پەيدا قىلدى. ئادى بەگنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكىنى باھانە
قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى ئۆزبېك قوماندانلاردىن يۈسۈپجان ۋە قىرغىزلاردىن
ئابدۇلخالىقنى كۈشكۈرتۈپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئادى بەگنىڭ بەش يۈز كىشىلىك
ئەسكىرىنىڭ قوراللىرىنى تارتىۋالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يۈسۈپجان بىلەن
ئابدۇخالىقنىڭ ئارىسىنى بۇزۇپ، يۇقىرىقىدەك بىر پىتنە تەييارلىدى.
ئابدۇخالىق ئادى بەگكە ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ
قەشقەردىن قېچىپ، يەركەنگە ئەمىر ئابدۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىۋالدى. لېكىن،
ھېلىقى پىتنىچىلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن داموللا ھاجىم ئەمىر ئابدۇللاھقا
خەت يېزىپ، ئابدۇخالىقنىڭ بىر ۋەتەن خائىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنى ۋە
ئەسكەرلىرىنى دەرھال قورالسىزلاندۇرۇپ قولغا ئېلىشنى تەۋسىيە قىلدى. ئەمىر
ئابدۇللاھ داموللا ھاجىمنىڭ بۇ سۆزى بىلەن ئابدۇخالىقنىڭ ئۈچ يۈزدەك
ئەسكىرىنى قورالسىزلاندۇردى ۋە ئۆزىنى نەزەربەند ئاستىدا خوتەنگە ئەۋەتتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، نۆۋەت يۈسۈپجان ۋە ئوراز بەگنىڭ ئارىسىنى بۇزۇشقا
كەلگەنىدى. دەل شۇ چاغدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تازغۇن پاجىئەسى يۈز
بەردى. لېكىن، ئوراز بەگ ئۆزى مۇلايىم بىر كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن،
يۈسۈپجانغا قارىتا يامان ھەرىكەتتە بولمىدى. ئەمما، بۇ ئىككىسى بىر –
بىرىگە ئىشەنمەيدىغان ئۆز ئىچىدىن دۈشمەنلىشىدىغان ھالەتكە كەلدى.
مانا
بۇ يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك سىرلىق پائالىيەتلىرى
نەتىجىسىدە، قەشقەردىكى قورال ئېسىپ يۈرگەنلەر ۋەتەنگە خىزمەت قىلىشنىڭ
ئورنىغا، دائىم بىر – بىرلىرى بىلەن تىركىشىپ تۇراتتى ۋە بىر – بىرلىرىدىن
قورقۇشۇپ خاتىرجەم يۈرەلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر – بىرلىرىگە قارشى
قوراللىق گۇرۇھ ھالىغا كېلىپ قالدى. بۇزۇق نىيەتلىك بۇ ئادەملەر، سابىت
داموللا ھاجىمنى ئالداپ، «بىز شەرقىي تۈركىستانغا زىيانلىق بۇ تەرتىپ –
ئىنتىزامسىز ئۆزبېك ۋە قىرغىز ئەسكەرلەرنى قورالسىزلاندۇرۇپ، مىللەتنىڭ
ھەقىقىي پەرزەنت ئەسكەرلىرى بولغان قەشقەرلىك ۋە خوتەنلىك ئەسكەرلەرنى
قوراللاندۇرىمىز» دېيىشتى. لېكىن، كېيىنچە بۇلارنىڭ ئەسلى مەقسەتلىرىنىڭ،
ئىچكى ئىختىلاپلىرىنى كۈچەيتىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى بوغۇپ تاشلاش
ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
15 –
پەسىل
خوجىنىياز ھاجىنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدە بەزى كۆز قاراشلار
خوجىنىياز ھاجى تېخى قۇمۇلدىكى ۋاقتىدىلا، ئۇنىڭ ۋەقەلىرى مۇخبىرلار
تەرىپىدىن ئالتى شەھەردە مۇبالىغە بىلەن تارقىتىلغانىدى. خەلقنىڭ نەزىرىدە،
بۇ كىشى بىر ئۇلۇغ مۇجاھىد ۋە ئالىيجاناب سۈپىتى بىلەن سىمۋول ھالغا
كەلگەنىدى. نەتىجىدە، بۇ خىيالىي ئالىيجاناب كىشىگە خەلق غايىبانە ئىخلاس
بىلەن سەمىمىي مۇھەببەت باغلىغانىدى. خوجىنىياز ھاجى تۇرپاننى ئالغاندىن
كېيىن، ھەممە كىشى ئۇنىڭغا ئۈمىد بىلەن كۆز تىكتى. لېكىن، خوجىنىياز
ھاجىنىڭ ما جۇڭيىڭنى شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە ئارقىدىنلا
جىن شۇرىن بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ما جۇڭيىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىپ، پاك
مىللىي ئىنقىلابىمىزنى بۇلغىغانلىقى، خەلقنىڭ مۇھەببەت ۋە ئىخلاس
ئۈمىدلىرىنى يوققا چىقاردى. ھەركىم ئۇنىڭ بۇ خاتالىقىنىڭ ئارقىسىدىكى
خەۋپنى سەزمەكتە ئىدى. لېكىن، خەلقنىڭ كۆپچىلىكى بۇ خاتالىقلار ھەقىقىي
خاتالىق بولماستىن، ۋەزىيەتنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئۇنىڭ ۋاقىتلىق تۇتقان
يولى بولسا كېرەك دەپ ئۆزىگە تەسەللى بەرمەكتە ئىدى. بولۇپمۇ، بىز خوتەن
ئىنقىلابچىلىرى بۇ كۆز قاراشتا ئىدۇق. خوجىنىياز ھاجىغا بولغان ئۈمىدىمىزنى
ۋە مۇھەببىتىمىزنى يوقاتمىغانىدۇق. لېكىن، خوجىنىياز ھاجى كورلا ۋە كۇچاغا
كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىزگە ئارقا – ئارقىدىن يازغان خەتلىرىدىن، ئۇنىڭ
خوتەنگە كەلگەن ئادەملىرىدىن ۋە بىز تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن ھەيئەتلەر بىلەن
مەخسۇس ئاخبارات توپلاش خادىملىرىمىزنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىدىن خوجىنىياز
ھاجىنى تېخىمۇ ئوبدان تونۇۋالدۇق.
خوجىنىياز ھاجىنىڭ توغرا بىر پىكرى يوق بولۇپ، لايىق بىر چۈشەنچىگە ئىگە
بولۇش ئۈچۈن تەبىئىي قابىلىيىتى بولمىغان، خوشامەتچىلەرنىڭ سۆزىنى دەرھال
قوبۇل قىلىدىغان بىر كىشى ئىدى. ھەقىقەتنى سۆزلەپ ئۇنى خاتا يولدىن
ياندۇرۇشقا تىرىشقان كىشىنى دۈشمەن دەپ قارايتتى. شۇنداقلا، خوجىنىياز
ھاجىنىڭ پۈتۈن ئىنقىلابچىلارنى ۋە خەلقنى ئۆزىگە شەرتسىز بويسۇنۇشنى تەلەپ
قىلىدىغان كاج تەبىئەتلىك بىر كىشى ئىكەنلىكىمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى.
ھەممىدىن قىزىقى، ئەسكەرنى زامانىۋى ئۇسۇلدا تەربىيىلەپ، تەرتىپ ئىنتىزامغا
كىرگۈزۈشنى قوبۇل قىلمايتتى. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئەسكەرلەرنى خەلقنىڭ مال –
مۈلكىگە تاجاۋۇز قىلىشتىن توسقاندا، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە شىجائىتى
سۇسلىشىپ قالىدۇ ۋە «بۇھران ئىچىدە تۇرۇۋاتقان چېغىمىزدا، ئەسكەرلەرنى
ھەربىي ئىنتىزام ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ تەربىيىلەيمىز دەپ
مەجبۇرلىساق، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قىسقان بولىمىز. نەتىجىدە، ئەسكەرلەر
بىزنىڭ بۇيرۇقىمىزغا بويسۇنمايدۇ» دەيدىغان خاتا نەزەرىيىسىنى ئاشكارا
سۆزلەپ يۈرەتتى. خوجىنىياز ھاجىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ۋە خوشامەتچىلىكنى ياخشى
كۆرىدىغان ئادىتى سەۋەبىدىن، دۈشمەنگە سېتىلغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ
يېنىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى بىر پالاكەتلىك
ئاقىۋەتكە سۆرەپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
خوجىنىياز ھاجىنىڭ يۇقىرىقىدەك زور خاتالىقلىرى مەلۇم بولغاندىن كېيىن،
ئۇنى ئىش بېشىدىن چۈشۈرۈپ ئورنىغا لاياقەتلىك بىرسىنى تىكلەش پىكرى
ئوتتۇرىغا چىقتى. خوتەن ۋە قەشقەر ھۆكۈمەتلىرى بۇ پىكىرگە ئەھمىيەت بېرىپ،
مۇستەقىل پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى داۋام قىلدى. پەقەت ئىچكى ئىختىلاپتىن
ئېھتىيات قىلىپ، خوجىنىياز ھاجى بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈش ۋە ياردەم قىلىشنى
داۋاملاشتۇردۇق.
بۇ
پىكرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خوجىنىياز ھاجىنىڭ مۇئاۋىنى بولغان ۋە
خەلقىمىز ئىچىدە مۇنەۋۋەر بىر مىللەتپەرۋەر دەپ تونۇلغان مەھمۇد سىجاڭنىڭ
بۇ پىكىرگە قوشۇلۇشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپىق يوللار ئارقىلىق
مەھمۇد سىجاڭنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى ئېلىشقا تىرىشتۇق. مەھمۇد سىجاڭ بۇ
پىكىرگە ئاساسەن قوشۇلغان بولسىمۇ، مۇنداق بىر قانچە كۆز قارىشىنى
تەكىتلىدى: «خوجىنىياز ھاجى، لاياقەتسىز بىر ئادەم. ئۇنى ئىش بېشىدىن
چۈشۈرۈش لازىم. لېكىن، ئۇنىڭ نامى چەت ئەلدە شۆھرەتكە ۋە سىياسىي ئورۇنغا
ئىگە بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق نازۇك بىر ۋەزىيەتتە ئۇنى ئاغدۇرساق،
دۇنيا جامائەتچىلىكى بىزنى يامان كۆرۈپ قالىدۇ. نەتىجىدە بىزنىڭ چەت ئەللەر
بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىز قىيىنلىشىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ نامى ۋە شۆھرىتىدىن
پايدىلىنىپ ھازىرچە سەۋر قىلىپ تۇرايلى ».
مەھمۇد سىجاڭنىڭ بۇ پىكرىدە چىڭ تۇرۇشىنىڭ مەقسىتى نېمە ئىكەنلىكىنى
بىلمىدۇق. ئەمما، ئۇنىڭ بۇ كۆز قاراشلىرى خوتەن ۋە قەشقەر ھۆكۈمىتىنىڭ
مىللىي مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلدى. شۇنداق قىلىپ
خوجىنىياز ھاجىغا يول قويۇلدى ۋە تۈزىتىش پۇرسىتى ئۆتۈپ كەتتى.
16 –
پەسىل
تۇرپان ۋە ئىلىدىكى تۇڭگانلارنىڭ ئالتى شەھەرگە يىغىلغانلىقى
قاراشەھەر تۇڭگانلارنىڭ قولىدا بولۇپ، مەھمۇد سىجاڭ باشئەگىمنى ئىستىھكام
قىلىپ تۇرغانىدى. بۇ ۋەزىيەت 15 كۈن داۋام قىلدى. ئاخىرى ما جۇڭيىڭ 12 –
ئاينىڭ 13 – كۈنى قاراشەھەردىكى قوشۇنلىرىنى ئالتى شەھەر ياكى چارقىلىق
ئارقىلىق چىنغا ئېلىپ كېتىش يولىنى ئېچىش ئۈچۈن باش ئەگىمگە ھۇجۇم قىلىشقا
بۇيرۇدى. مەھمۇد سىجاڭ چىڭ تۇرۇپ تۇڭگانلارنى باش ئەگىمدىن ئۆتكۈزمىدى. 12
– ئاينىڭ 13 – كۈنى كېچىسى تۇڭگانلار چوڭ يولنى تاشلاپ، دەريانىڭ جەنۇبىي
قىرغىقىنى ساقلاپ ياتقان ھاپىز تەنجاڭنىڭ ئەسكەرلىرىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم
قىلىپ چېكىندۈردى ۋە مەھمۇد سىجاڭنى قورشىغىلى باشلىدى. مەھمۇد سىجاڭ
مۇھاسىرىدە قېلىشتىن قورقۇپ، ئىستىھكاملىرىنى تاشلاپ كورلىغا چېكىندى.
تۇڭگانلار ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەنلىكتىن كورلىنىمۇ بوشىتىپ، كۇچاغا
كەلدى. تۇڭگانلار توختىماستىن كۇچاغا ھۇجۇم قىلدى. مەھمۇد سىجاڭ مەغلۇپ
بولۇپ، كۇچادىن بايغا چېكىندى.
خوجىنىياز ھاجى بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى ۋە خوتەندىن بارغان ياردەم قوشۇنىنى
مەھمۇد سىجاڭنىڭ ياردىمىگە يوللىدى. 12 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، تۇڭگانلار
بايغا ھۇجۇم باشلىدى. تۇڭگانلار ھۇجۇم باشلار – باشلىماس مەھمۇد سىجاڭنىڭ
ئەسكىرى قاچتى. مەھمۇد سىجاڭ ئۆزى بىر قىسىم ئەسكىرى ۋە خوتەن قىسىملىرى
بىلەن قاتتىق تۇرۇپ ئۇرۇشقان بولسىمۇ مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.
بۇ ۋەزىيەتتە خوجىنىياز ھاجى ئاقسۇدىن پۈتۈن كۈچىنى ۋە ئاقسۇ ۋالىيسى
ئىسمائىل باينىڭمۇ پۈتۈن ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ، ئاقسۇ ۋە باي ئوتتۇرىسىدىكى
قارا يۇلغۇن دېگەن جايغا كېلىپ توختىدى. بايدىن چېكىنىپ كەلگەن مەھمۇد
سىجاڭمۇ كېلىپ بۇلارغا قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدا
12000 كىشىلىك بىر قوشۇن تۇڭگانلارغا قارشى مۇداپىئە ئۇرۇشى قىلىشقا
تەييارلاندى.
12 –
ئاينىڭ 24 – كۈنى تۇڭگانلار قارايۇلغۇنغا كەلدى. خوجىنىياز ھاجىنىڭ
ئىنتىزامسىز ئەسكەرلىرى يىراقتىن تۇڭگانلارنىڭ قارىسىنى كۆرۈپلا بەشتىن،
ئوندىن قاچقىلى تۇردى. خوجىنىياز ھاجى قالغان ئەسكەرلىرى بىلەن تۇڭگانلارغا
قارشى تۇردى. بۇ چاغدا ئىسمائىل باينى قول ئاستىدا خىزمەتچى بولغان بىر
تۇڭگان ئېتىپ ئۆلتۈرۋەتتى. بۇنى كۆرگەن خوجىنىياز ھاجى ئاتلىنىپ قاچتى.
ئارقىسىدىن پۈتۈن ئەسكەرلەر پاراكەندە ھالدا قېچىشقا باشلىدى.
خوتەندىن ياردەمگە بارغان ئەسكەرلەر قارايۇلغۇندىن توغرا خوتەنگە قايتتى.
خوجىنىياز ھاجى قارايۇلغۇندىن ئاقسۇغا كەلدى ۋە پۈتۈن نەرسە – كېرەكلىرىنى
ئېلىپ توختىمايلا ئۈچ تۇرپانغا كەتتى. شۇنىڭ بىلەن تۇڭگانلار ئاقسۇنى
ئۇرۇشمايلا ئالدى. بۇ پاراكەندىچىلىك نەتىجىسىدە خوتەن ۋە ئاقسۇ
ئەسكەرلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 5000 كىشى خوجىنىياز ھاجىدىن ئايرىلدى.
خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئۆز ئەسكەرلىرىدىنمۇ تەخمىنەن 250 كىشى ئايرىلىپ خوتەنگە
قېچىپ كەتتى.
نەتىجىدە خوجىنىياز ھاجىنىڭ يېنىدا قۇمۇل ۋە تۇرپان ئەسكەرلىرىدىن تەركىپ
تاپقان، تەرتىپ – ئىنتىزامسىز، دۈشمەننىڭ ئالدىدا بۆرىدىن قاچقان قويدەك
قاچىدىغان بىر قىسىم ئادەملەرلا قىلىپ مۇداپىئە كۈچىنى يوقاتتى. شۇنىڭ
ئۈچۈن خوجىنىياز ھاجى ئۈچتۇرپاندىمۇ تۇرالماي تاغ يولى بىلەن قەشقەرگە
قاراپ ماڭدى. ئۈچتۇرپاننىمۇ تۇڭگانلار ئىشغال قىلدى.
تەخمىنەن 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، ئىلىدىن قاچقان پۈتۈنلەي مىلتىق ۋە
پىلىمۇتلار بىلەن قوراللانغان 3000 كىشىلىك، تۇڭگان قوشۇنى كۇچاغا كەلدى.
لېكىن، كۇچادىكى تۇڭگانلار ئۇلارغا ئىشەنمەي شەھەرگە كىرگۈزمىدى. ئۇلارنى
شەھەردىن 27 كىلومېتىر جەنۇبتىكى توقسۇننىڭ دۈشەنبە دېگەن يېرىدە توختىتىپ
قويدى. مانا بۇ شەكىلدە تۇرپان ۋە غۇلجىدىكى تۇڭگانلار شېڭ شىسەيدىن مەغلۇپ
بولۇپ، شەرقتىن ۋە شىمالدىن ئالتى شەھەرگە ياغقىلى تۇردى. قاراشەھەر، كوچا
ۋە ئاقسۇنى ئىشغال قىلىۋالدى. خوجىنىياز ھاجىنىڭ قول ئاستىدا سان جەھەتتە
تۇڭگانلاردىن كۆپ ۋە ياخشى قوراللانغان قوشۇن بار ئىدى. لېكىن، ئۇنىڭ
قابىلىيەتسىز قوماندانلىرى، روھىي جەھەتتىن چۈشكۈن ۋە تەرتىپ – ئىنتىزامسىز
ئەسكەرلىرى سەۋەبىدىن يۇقىرىدىكى جايلارنى مۇداپىئە قىلالماي تۇڭگانلارغا
بوشىتىپ بېرىپ قەشقەرگە چېكىندى.
1933
– يىلى 12 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن باشلاپ شېڭ شىسەي تۇرپانغا ئەسكەر
ئەۋەتىشكە باشلىدى. 12 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئايروپىلاندىن، «تۇرپان
شەھىرىنى بومباردىمان قىلىمىز، ما جۇڭيىڭنى ھەيدەپ چىقىرىپ تەڭرىتېغىنىڭ
جەنۇبىنى تۈركلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئەسكەرلىرىمىزنى ئېلىپ چىقىپ كېتىمىز»
دەپ يېزىلغان تەشۋىق ۋاراقلىرىنى تاشلىدى. ئەسلىدە شېڭ شىسەينىڭ مەقسىتى،
بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ياخشى كۆرۈنۈش؛ يەنە بىر تەرەپتىن
تۇڭگانلارنى قورقۇتۇپ قويۇشتىن ئىبارەت ئىدى. ئەمما، ما جۇڭيىڭ چىڭ
تۇرۇۋالغانلىقتىن شەھەر ئەتراپىغا بومبا تاشلاپ ئۇنى شەھەردىن قېچىشقا
مەجبۇر قىلدى. ما جۇڭيىڭ 1934 – يىلى 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنىگىچە تۇرپاننىڭ
تاغلىق رايونلىرىدا قارشىلىق كۆرسىتىپ يۈردى. ئاخىرى 1 – ئاينىڭ ئاخىرىدا
قاراشەھەرگە كەلدى. ما جۇڭيىڭ ناھايىتى قېيىن ئەھۋالدا قالغان بولۇپ، بەكمۇ
ئالاقزادىلىك ئىچىدە ئىدى. چۈنكى، ئۇ قەشقەر تەرەپكە قاچسا، ئۇ يەردە
يىغىلغان تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ قولىدا يوق بولۇشتىن قورقاتتى. ئەگەر چارقىلىق
يولى بىلەن گەنسۇغا قاچسا، ئۇ يەردىكى دۈشمىنى ما بۇفاڭنىڭ قولىغا چۈشۈپ
قېلىشتىن قورقاتتى (بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى نۆۋىتى كەلگەندە بايان
قىلىمەن).
ما
جۇڭيىڭ داۋانچىڭ ئۇرۇشىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، قۇمۇل
قىسىملىرىنىڭ قوماندانى يولۋاس بەگ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ چىقتى ۋە ئۆزى
قۇمۇلنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى مۇستەھكەم تەبىئىي ئىستىھكاملارغا
ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى.
17 –
پەسىل
رامىزاننىڭ يىگىرمىسىدىن زۇلقەئدىنىڭ ئونىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋەقەلەر
(1934 – يىلى 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنىدىن 1934 – يىلى 2 – ئاينىڭ 24 –
كۈنىگىچە)
خوجىنىياز ھاجى ئۈچتۇرپاندىن چېكىنىپ، رامىزان ئېيىدا ئاتۇشقا كەلدى. بۇ
ۋاقىتقىچە خوجىنىياز ھاجى قەشقەرنى «بۇلاڭچىلار مەركىزى» دەپ ئاتاپ، قەشقەر
ھۆكۈمىتى ئەزالىرىنى ۋە ئەسكىرىي قوماندانلىرىنى «توپىلاڭچىلار» دەپ ئېلان
قىلىپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇدۇل قەشقەرگە كىرىشتىن قورقتى. سابىت داموللا
ھاجىمغا خەت يېزىپ كەچۈرۈم سورىدى. چېقىمچىلارنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ،
ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن يۇقىرىقىدەك مۇئامىلىدە بولۇپ قالغانلىقىنى ئىقرار
قىلدى. ئەمدى ئۆتمۈشتىكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ، يېڭىدىن سەمىمىي
ئىتتىپاقلىشىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سابىت داموللا ھاجىم دەرھال ئاتۇشقا
چىقىپ، خوجىنىياز ھاجى بىلەن كۆرۈشتى. سەمىمىي بىر شەكىلدە مۇزاكىرىلىشىپ
ئۇنى قەشقەرگە كىرىشكە تەكلىپ قىلدى.
خوجىنىياز ھاجى قەشقەرگە كىرىپلا بىر ئومۇمىي ھەربىي مەجلىس تەشكىللەپ
چىقتى ۋە يېڭىشەھەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۇ يەرنى تېزلىك بىلەن قولغا
چۈشۈرۈپ، ما جۇڭيىڭغا قارشى مۇداپىئەگە ھازىرلىنىشنى قارار قىلدى. بۇ قارار
بويىچە مەھمۇد سىجاڭ باش قوماندان بولۇپ، پۈتۈن قەشقەر قىسىملىرى ئۇنىڭغا
قېتىلدى ۋە يېڭىشەھەر مۇھاسىرە قىلىندى. خوجىنىياز ھاجى خوتەن
ئەسكەرلىرىنىڭمۇ بۇ مۇھاسىرىگە قېتىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىز
ئەمىر نۇر ئەھمەدنى 1200 كىشىلىك بىر قوشۇن بىلەن يېڭىساردىن قەشقەرگە
يوللىدۇق.
يېڭىشەھەردىكى تۇڭگانلار دەسلەپتە سېپىلدىن چىقىپ ئۇرۇشتى. بىراق ئېغىر
چىقىمغا ئۇچراپ، بىر قانچە قوماندانى بىلەن نۇرغۇن ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەندىن
كېيىن، سېپىلدىن چىقماي مۇداپىئە قىلىشقا ئۆتتى. 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنىگە
كەلگەندە تۇڭگانلارنىڭ يا تەسلىم بولۇش يا قېچىشتىن باشقا يولى قالمىغان
بىر ھالەتتە تۇرغاندا، ئاقسۇ تەرەپتىن نۇرغۇن تۇڭگان ئەسكەرلىرىنىڭ
قەشقەرگە يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرى كەلدى. بۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇش
ئۈچۈن خوجىنىياز ھاجى، ئەمىر نۇر ئەھمەد بىلەن بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى
ئېلىپ، قەشقەردىن 27 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى «يامانيار» كۆرىكىگە كېلىپ
توختىدى. مەھمۇد سىجاڭ يېڭىشەھەر مۇھاسىرىسى بىلەن مەشغۇل ئىدى.
خوجىنىياز ھاجى تۇڭگان ئەسكەرلىرىنىڭ قارىسى كۆرۈنەر – كۆرۈنمەس بىر پاي
ئوقمۇ ئاتماي قاچقىلى قوپتى. ئەمىر نۇر ئەھمەد بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق
بىلدۈرۈپ ئالدىنى توستى. خوجىنىياز ھاجى، «سىز تۇڭگانلارنى بىلمەيسىز، مەن
بىلىمەن. ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس» دەپ ئاتقا مىنىپ قېچىپ
كەتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى قاچتى. ئەمىر نۇر ئەھمەد
بىرەر سائەت تۇرۇپ مۇداپىئە قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى
خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن قوشۇلۇپ قېچىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن كۈچى
يەتمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ چېكىنىپ قەشقەرگە قايتىپ كېلىدۇ.
خوجىنىياز ھاجى قەشقەرگە كېلىپ چېكىنىپ چىقىپ كېتىشتنى بۇيرۇپ، ئۆزى
ھەممىنىڭ ئالدىدا قەشقەرنى بوشىتىپ تاشمىلىققا چىقىپ كېتىدۇ. ئارقىسىدىن
مەھمۇد سىجاڭ ۋە سابىت داموللا ھاجىملار كېتىدۇ. قىرغىز ۋە ئۆزبېكلەرمۇ
شەھەرنى تاشلاپ تاغ تەرەپكە قاچىدۇ. ھەممىنىڭ ئارقىسىدىن ئەمىر نۇر ئەھمەد
ئاقتۇ ئارقىلىق مېڭىپ يېڭىسارغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەشقەر شەھىرى
پۈتۈنلەي بوشاپ قالىدۇ ۋە 2 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تۇڭگانلار شەھەرنى ئىشغال
قىلىدۇ. تۇڭگانلار شەھەرنى ئىشغال قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ سانى
ئاڭلانغىنىدەك كۆپ بولماي، پەقەت ما فۇيەن قول ئاستىدىكى مىڭ كىشىگە
يەتمەيدىغان كىچىك بىر قىسىم تۇڭگانلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.
قەشقەرگە يېقىن بىر تاغنىڭ ئېتىكىدە توختىغان ئۆزبېك ئەسكەرلىرى بۇنى
ئاڭلاپ، 2 – ئاينىڭ 10 – كۈنى سەھەردە قەشقەر شەھىرىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم
قىلىپ، ما فۇيەننىڭ ئەسكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلدى ۋە شەھەرنىڭ ھەممىسىنى
دېگۈدەك تارتىۋالدى. ئەپسۇسكى، ئۆزبېكلەر غەلبىلىرىدىن مەغرۇرلىنىپ كېتىپ
ھەممىسى بىخىرامان ئولجا يىغىشقا كىرىشىپ كەتتى. بۇ ئەھۋالدا ما فۇيەن
يېڭىشەھەردىكى تۇڭگانلاردىن ياردەم ئېلىپ، شەھەرگە تۇيۇقسىز باسقۇن قىلدى
ۋە غەپلەتتە تۇرغان ئۆزبېكلەرنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى.
ئۆزبېكلەردىن تولىسى پاراكەندە بولۇپ قاچتى. تار بىر يەردە مۇھاسىرىدە
قالغان 120 كىشى تۆت سائەت دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشقان بولسىمۇ ئاخىرى ئوقلىرى
تۈگەپ تەسلىم بولدى. تۇڭگانلار تەسلىم بولغان بۇ 120 كىشىنى پاجىئەلىك
شەكىلدە شېھىت قىلدى.
ما
فۇيەن قەشقەر شەھەر خەلقى ئۆزبېكلەرنى قارشى ئالدى دېگەن باھانە بىلەن
شەھەر ئىچىدە قاتتىق قىرغىنچىلىق باشلىدى. يىگىرمە تۆت سائەت داۋام قىلغان
بۇ قەتلىئامدا 4000 دىن ئارتۇق بىگۇناھ خەلق شېھىت بولدى. تۇڭگانلار
شەھەردىكى مەدرىسىلەر، سارايلار ۋە ئۆيلەرنى بۇلاپ – تالىدى، ئوت قويۇپ
ۋەيران قىلىۋەتتى. چەت ئەللىكلەرمۇ بۇ قىرغىنچىلىقتىن ساقلىنىپ قالالمىدى.
ئافغانىستان كونسۇلى مۇھەممەد شىرىپخان ئۆلتۈرۈلدى. ئىنگلىز كونسۇلخانا
خىزمەتچىلىرىدىن ئىككى ھىندىستانلىق ئۆلتۈرۈلدى ۋە كونسۇلنىڭ ئايالى
يارىدار بولدى.
بۇ
ۋەقەلەردىن كېيىن، خوجىنىياز ھاجى، سابىت داموللام، مەھمۇد سىجاڭ ۋە ئۆزبېك
يۈسۈپجان باشلىق كاتتىلار ۋە قوماندانلار ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ 2 – ئاينىڭ 13
– كۈنى يېڭىسارغا يىغىلدى. ئۇلار يېڭىساردا تۇرۇپ قوشۇنلىرىنى تەرتىپكە
سېلىپ، قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىشقا قارار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن،
خوجىنىياز ھاجى بۇنىڭغا قارشى چىقتى ۋە ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ يەركەنگە ماڭدى.
ئەمىر نۇر ئەھمەد، سابىت داموللام ۋە يۈسۈپجانلار يېڭىساردا قالدى.
يېڭىساردا يۈسۈپجاننىڭ يۈز ئۆرۈپ خائىنلىق قىلىشقا تەييارلانغانلىقى
سېزىلىپ قالدى. سابىت داموللام ئەمىر نۇر ئەھمەدكە يۈسۈپجاننى تۇتۇپ،
ئەسكەرلىرىنى قورالسىزلاندۇرۇشقا بۇيرۇق قىلدى. لېكىن، بۇ ئەمەلگە ئاشمىدى.
يۈسۈپجان قارشىلىق قىلىپ ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بىرئاز توقۇنۇش كېلىپ چىقتى.
ئاخىرى يۈسۈپجان مەغلۇپ بولۇپ، تاغقا قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن سابىت
داموللاممۇ يەركەنگە كېتىپ، يېڭىساردا ئەمىر نۇر ئەھمەد 2000 كىشىلىك
ئەسكىرى بىلەن قالدى.
خوجىنىياز ھاجى 2 – ئاينىڭ 16 – كۈنى يەركەنگە كەلدى. ئۇنىڭ مىللەتكە
كەلتۈرگەن زىيانلىق ھەرىكەتلىرى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ لاياقەتسىزلىكىنى كۆرۈپ،
خوجىنىياز ھاجىنى يىقىتماي تۇرۇپ مىللىي ئىنقىلابىمىزنىڭ بېشى
ئوڭشالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ قېتىم قانداق قىلىپ
بولمىسۇن ئۇنى يەركەندىن چىقارماي ئەسكەرلىرىنى قورالسىزلاندۇرۇشقا ۋە بۇ
قوراللار بىلەن خوتەن قىسىملىرىنى قوراللاندۇرۇپ، دۈشمەنگە قارشى ھەقىقىي
بىر تاقابىل تۇرۇش ئالدىنقى سېپى ئېچىشنى قارار قىلدۇق.
بۇ
ئىشنى قان تۆكمەي ھەل قىلىش ۋەزىپىسى ئەمىر ئابدۇللاھقا بېرىلدى. ئەمىر
ئابدۇللاھ تەييارلىققا كىرىشتى. لېكىن، سابىت داموللام باشلىق بىر قىسىم
كىشىلەر، بۇ ئىشتىن كۈتكىنىمىزدەك ياخشى بىر نەتىجە بەرمەي قالارمىكىن
دېگەن ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمىر ئابدۇللاھنى بۇ ئىشتىن سوغۇتۇپ
تۇرغان بىر پەيتتە خوجىنىياز ھاجى بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولۇپ قالغان. ئۇ
دەرھال ئەمىر ئابدۇللاھنى ئۆزىدىن خۇرسەن قىلىش نىيىتى بىلەن، 1933 – يىلى
8 – ئايدا بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىزنىڭ قوراللىرىنى تارتىۋېلىپ خوتەنگە ھۇجۇم
قىلغان ھاپىز تەنجاڭنىڭ قوراللىرىنى ئېلىپ، ئەمىر ئابدۇللاھقا تاپشۇردى.
رۇسلاردىن ئالماقچى بولغان قوراللارنىڭمۇ ھەممىسىنى تەرتىپ ۋە ئىنتىزاملىق
بولغان خوتەن قىسىملىرىغا بېرىپ، ئۇلارنى تولۇق قوراللاندۇرىدىغانلىقىغا
ۋەدە قىلدى ۋە ئەمىر ئابدۇللاھنى يۇمشاتتى. بۇ ئەھۋالدا، خوجىنىياز ھاجىنى
قورالسىزلاندۇرۇش بىر ئىچكى ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولۇپ
قالىدىغانلىقى مەلۇم بولۇپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ «ۋەدە»سىنى قوبۇل
قىلىشقا توغرا كەلدى.
2 –
ئاينىڭ 26 – كۈنى خوجىنىياز ھاجى ئۆز ئەسكىرى ۋە بىر قىسىم خوتەن
ئەسكىرىدىن تەركىپ تاپقان بىرەر مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ، يەركەندىن
يولغا چىقىپ بەشكىرەم يولى بىلەن ئەركەشتامغا كەتتى. تۇڭگانلار ئۇنى تۇتۇش
ئۈچۈن زور ئەسكىرىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بەزىدە ئۇرۇشۇپ، بەزىدە
قېچىپ دېگەندەك تۇڭگانلاردىن قۇتۇلۇپ ئەركەشتامغا يېتىپ باردى. بىرگە ئېلىپ
ماڭغان ئەسكەرلەرنى خەتەرلىك جايلاردىن ساق – سالامەت ئۆتۈپ بولغاندىن
كېيىن قايتۇرۇۋەتتى. بۇ ئەھۋالدا يېڭىسار ۋە يەركەنگە ياردەم ئەۋەتىشكە
توغرا كەلدى. بىز مەرھۇم دوختۇر ئابدۇلغىنى ئاخۇننىڭ قوماندانلىقىدا بىر
پىيادە ۋە ئاتلىق قوشۇنلىرىمىزدىن ئارقا – ئارقىدىن ياردەم ئەۋەتتۇق. بۇ
ئەسكەرلىرىمىز ئۇدۇل يېڭىسارغا بېرىپ ئەمىر نۇر ئەھمەدنىڭ قوماندانلىقىغا
كىردى.
خوجىنىياز ھاجى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئەمىر ئابدۇللاھ بىلەن
كېلىشىپ بولغاندىن كېيىن، «رۇسلاردىن قورالنى ئالتۇنغا سېتىۋالىمەن.
قولۇمدا بۇنىڭغا يەتكۈدەك ئالتۇن يوق» دەپ، خوتەن ھۆكۈمىتىدىن 2000 سەر (
20000 مىسقال118) ئالتۇن تەلەپ قىلدى. ئەمىر ئابدۇللاھ خوجىنىياز ھاجىغا،
بۇ تەلىپىنى خوتەن ھۆكۈمىتىگە ئۆزى بىۋاسىتە بىر ھەيئەت ئەۋەتىپ بىلدۈرۈشنى
ئېيتتى. خوجىنىياز ھاجى خوتەنگە بىر ھەيئەت ئەۋەتىپ بۇ تەلەپنى بىلدۈردى.
بىزچە، رۇسلارنىڭ بۇ قورالنى سېتىپ بېرىشىدىن ھېچ ئۈمىد يوقتى. بىراق،
خوجىنىياز ھاجىنىڭ بىر غەرەز بىلەن بۇ تەلەپنى قويغانلىقىنى ھېس قىلغان
بولساقمۇ، قورال سېتىۋېلىش ئىشى مۇقىملاشقاندىن كېيىنلا بېرىش شەرتى بىلەن
ئەمىر ئابدۇللاھ ئارقىلىق خوجىنىياز ھاجىغا مىڭ سەر ئالتۇن ئەۋەتىپ بېرىشنى
مۇۋاپىق كۆردۇق. قورال سېتىۋېلىنمىغان تەقدىردە ئالتۇننىڭ خوتەنگە
قايتۇرۇلۇشىنى تاپىلىدۇق. بۇ ئارىدا خوجىنىياز ھاجى ئەركەشتامغا بارمىدى ۋە
ئالتۇن ئەمىر ئابدۇللاھتا قالدى. 2 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ما جەنسانىڭ قولىغا
چۈشۈپ قالغان ئابدۇلغىنى ئاخۇن قېچىپ يەركەنگە كەلدى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن
ئەسىرگە ئېلىنغان ئەسكەرلىرىمىزمۇ قېچىپ قۇتۇلدى.
18 –
پەسىل
ما
جۇڭيىڭنىڭ قەشقەرگە كەلگەنلىكى
ما
جۇڭيىڭ قاراشەھەرگە كېلىپ، قەشقەرگە يۈرۈش قىلىش ياكى چارقىلىق يولى بىلەن
گەنسۇغا قېچىش ھەققىدە ئىككىلىنىپ تۇرغان چاغدا، كۇچادىكى ئىلىدىن قېچىپ
كەلگەن تۇڭگانلار ما جۇڭيىڭغا بويسۇنماي، چارقىلىق يولىدىن گەنسۇغا
قايتىشقا تەييارلىنىۋاتقانىدى. بۇ ئىككىلىنىش ئەسناسىدا ما جۇڭيىڭ،
يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ما فۇيەننى قەشقەردىكى مىللىي
ئىنقىلابچىلارنىڭ كۈچىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، 800 ئاتلىق تۇڭگان ئەسكىرى
بىلەن ئەۋەتكەنىدى. ما جۇڭيىڭنىڭ مەقسىتى، ئەگەر قەشقەردىكى مىللىي
ئىنقىلابچىلارنىڭ كۈچى كۆپ بولۇپ، ما فۇيەن مەغلۇپ بولۇپ بولسا، قەشقەرگە
بارماي ئۇدۇل چارقىلىق يولى بىلەن گەنسۇغا كېتىش؛ ئەگەر خوجىنىياز ھاجى ھەر
دائىمكى ئادىتى بويىچە ما فۇيەننىڭ ئەسكەرلىرىنى كۆرەر – كۆرمەس قېچىپ،
يولنى بوشىتىپ بېرىدىغان ئەھۋال بولسا، دەرھال قەشقەرگە بېرىش ئىدى. ما
فۇيەن قەشقەرگە كەلگەندە، خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدا پۈتۈن مىللىي
قىسىملارنىڭ شەھەرنى بوشىتىپ چىقىپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان ما جۇڭيىڭ،
دۈشمەن كەلگەن ھامان قەشقەرگە قېچىشنى پىلانلىدى ۋە كۇچادىكى ئىلىدىن قېچىپ
كەلگەن تۇڭگانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىمۇ قەشقەرگە بېرىشقا ۋە
بىرلىشىشكە قايىل قىلغانىدى.
شېڭ
شىسەي، 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى رۇس گېنېرالى بېكتىف قوماندانلىقىدا رۇس،
تاتار، قازاق ۋە چىنلىقلاردىن تەركىب تاپقان 3500 كىشىلىك بىر قوشۇننى چوڭ
يول بىلەن قارا شەھەرگە ئەۋەتتى. يەنە چېگرا بويلاپ 800 رۇس ئەسكىرىنىمۇ
قارا شەھەرگە ماڭغۇزدى. بۇ قوشۇن قارا شەھەرگە يېقىنلاشقاندا تۆت
ئايروپىلان ئۇچۇپ كېلىپ، قارا شەھەرنى بومباردىمان قىلدى. بومباردىماندا
زەھەرلىك گاز بومبىلىرىمۇ قوللىنىلغانلىقتىن نۇرغۇن بىگۇناھ خەلق ئۆلدى. ما
جۇڭيىڭ شۇ كۈنى قاراشەھەردىن قېچىپ كۇچاغا كەلدى ۋە ئۇ يەردىكى تۇڭگانلارنى
قەشقەرگە يولغا سالدى. رۇسلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى
ئاڭلاپ، كۇچادا 2000 تۇڭگاننى قويۇپ ئۆزى ئاقسۇغا ماڭدى. ئەتىسى شېڭنىڭ
ئەسكەرلىرى يېتىپ كېلىپ ئىككى سائەت ئىچىدە تۇڭگانلارنى مەغلۇپ قىلىپ
كۇچاغا قوغلىدى. ما جۇڭيىڭ ئاقسۇدىن قېچىپ، 3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى قەشقەرگە
كەلدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن تۇڭگانلار ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ قەشقەرگە
يىغىلدى.
3 –
ئاينىڭ 1 – كۈنى، ئەمىر ئابدۇللاھ تۇڭگانلارنىڭ مارالبېشى ئارقىلىق
يەركەنگە كېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن، قوماندانلىرىدىن ئەبەيدۇللاھ ئاخۇن،
قۇرباننىياز ھاجى ۋە ئابدۇلھېكىم ئاخۇن باشچىلىقىدا مارالبېشىغا ئەسكەر
ئەۋەتتى. بۇلار مارالبېشى بىلەن مېڭىپ يەركەنگە يۈرۈش قىلماقچى بولۇۋاتقان
تۇڭگانلار بىلەن «ئوقار ئۆستەڭ بېشى» دېگەن جايدا ئۇرۇشۇپ ئۇلارنى
چېكىندۈردى. تۇڭگانلارنىڭ يېنىپ، قەشقەرگە قاراپ ماڭغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن
كېيىن، يەنە يەركەنگە قايتىپ كەلدى. گېنېرال بېكتىف ما جۇڭيىڭنىڭ
ئارقىسىدىن قوغلاپ مېڭىپ كۇچانى ئالدى. ئۇ يەردىن ئاقسۇغا كەلدى ۋە 1934 –
يىلى 7 – ئايغىچە شۇ يەردە قالدى. بۇ كۈنلەردە ما جۇڭيىڭمۇ قەشقەردە ئىدى.
19 –
پەسىل
ئىنقىلابنىڭ پاجىئەلىك سەھىپىلىرى
1934
– يىلى 7 – ئاينىڭ 17 – كۈنىدىن باشلاپ، ما جۇڭيىڭ بىزدىن يېڭىسارنى
تالاشقىلى تۇردى. بىز يېڭىسارنىڭ ھىندىستان ۋە ئافغانىستانغا بارىدىغان يول
ئۈستىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا رەددىيە
بەردۇق ۋە خوتەندىن يېڭىسارغا ياردەم ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتتۇق.
3 –
ئاينىڭ 27 – كۈنى ما جۇڭيىڭ يېڭىسارغا ھۇجۇم باشلىدى. قاتتىق ئۇرۇشلاردىن
كېيىن، ئەمىر نۇر ئەھمەد شەھەردە مۇھاسىرىدە قالدى. مۇجاھىتلار
تۇڭگانلارنىڭ كېچە – كۈندۈز قىلغان قاتتىق ھۇجۇملىرىغا بەرداشلىق بېرىپ
شەھەرنى مۇداپىئە قىلدى ۋە دۈشمەننى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتتى. نەتىجىدە
دۈشمەن يېقىندىن ھۇجۇم قىلىشنى تاشلاپ، يىراقتىن توپ ۋە پىلىمۇتلاردىن ئوق
ياغدۇرغىلى باشلىدى. 4 – ئاينىڭ 3 – كۈنى، ئەمىر ئابدۇللاھ يەركەندىن
يېڭىسارغا كەلدى. سان ۋە قورال جەھەتتىن خېلى ئۈستۈن بولغان تۇڭگانلارغا
شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، ئارقىغا چېكىندۈردى. لېكىن، كەچتە تۇڭگانلار ئوڭ
تەرەپتىكى قىسىملىرىمىزنى قورشاۋغا ئېلىۋالدى ۋە سەپ بۇزۇلدى. ئەمىر
ئابدۇللاھ بۇلارنى تەرتىپكە سالىمەن دەپ ئات سېلىپ كېتىپ بارغاندا ئېتىغا
ئوق تېگىپ يىقىلدى. ئۇنىڭ ئاتتىن يىقىلغان يېرى جەڭ مەيدانىنىڭ ئەڭ
خەتەرلىك نۇقتىسى ئىدى. يېنىدىكى ھەمراھلىرىدىن تولىسى شېھىت بولدى ۋە
بەزىلىرى قاچتى. شۇنىڭ بىلەن ئەمىر ئابدۇللاھ كۆرۈنمەي قالدى. يەنى ئۇنىڭ
شېھىت بولغانلىقى ياكى ھايات قالغانلىقىنى بىلگىلى بولمىدى. شۇنداق قىلىپ
يەركەندىن كەلگەن ئەسكەرلىرىمىز ئېغىر ھالدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ،
پاراكەندە ھالدا يەركەنگە قاچتى.
قېچىپ كېتىۋاتقان ئەسكەرلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى سابىت داموللام قىزىلدا
توختاتتى. داموللام پۈتۈن خوتەن قىسىملىرى ۋە مەھمۇد سىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرىنى
توپلاپ، يېڭىسارغا يەنە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىپ تۇڭگانلارنى
چېكىندۈرۈش، ھېچ بولمىغاندا ئەمىر نۇر ئەھمەدنى مۇھاسىرىدىن قۇتقۇزۇشنى
تەلەپ قىلدى. بۇ بىرلەشكەن قوشۇن مەھمۇد سىجاڭنىڭ قوماندانلىقىدا 4 –
ئاينىڭ 7 – كۈنى يېڭىسارغا ھۇجۇم قىلدى. تۇڭگانلارنى تۆت ئەتراپتىن
قورشىۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. شۇ ئەھۋالدا، مەھمۇد سىجاڭنىڭ
قوماندانلىرىدىن ھاپىز تەنجاڭ ھېچبىر سەۋەپسىز ئالدىنقى سەپنىڭ بىر
تەرىپىنى تاشلاپ، ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ قاچتى. تۇڭگانلار ئۇ تەرەپكە قاراپ
شىددەتلىك بىر ھۇجۇم بىلەن سەپنى بۆسۈپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەھمۇد سىجاڭنىڭ
ئەسكەرلىرى ئالاقزادە بولۇپ قاچتى. شۇنىڭدىن كېيىن تۇڭگانلار توپ ۋە
پىلىمۇتلىرىنى خوتەن قىسىملىرى بار تەرەپكە قارىتىپ ئوق ياغدۇرۇشقا
باشلىدى. نەتىجىدە خوتەن ئەسكەرلىرىمۇ مەغلۇپ بولۇپ قاچتى. پۈتۈن قوشۇن
يەنە قىزىلغا توپلاندى. لېكىن، مەھمۇد سىجاڭ قىزىلدا توختاشنى مۇناسىپ
كۆرمەي كۆك راباتقا كەتتى ۋە خوتەن قىسىملىرىمۇ كۆك راباتقا كەلدى.
خوجىنىياز ھاجى ئەركەشتامدىن قۇرۇق قول قايتىپ كەلدى. كۆك راباتتىكى
ئەسكەرلەرگە مەھمۇد سىجاڭنى قوماندان قىلىپ تەيىنلەپ قويۇپ، ئۆزى سابىت
داموللام بىلەن يەركەنگە كەلدى. 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى بۇ پاجىئەنىڭ خەۋىرى
خوتەنگە يېتىپ كەلدى. مەن شۇ كېچىسى يەركەنگە يۈرۈش قىلدىم. 16 – كۈنى
گۇمىغا كېلىپ، ئارقامدىن كېلىدىغان ئەسكەرلىرىمىزنى ساقلىدىم. ئۇلار
كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى ئالدىن يولغا سېلىۋېتىپ ئۆزۈم بەش كۈن گۇمىدا
تۇردۇم. 4 – ئاينىڭ 21 – كۈنى يولغا چىقىپ 23 – كۈنى قاغىلىققا كەلدىم. ئۇ
يەردە بىر كۈن تۇرۇپ 25 – كۈنى پوسكامغا كەلدىم ۋە كېلىپلا يېڭىساردىن
تۆۋەندىكى ئىككىنچى بىر پاجىئە خەۋىرىنى ئالدىم. ۋەقە مۇنداق بولغانىدى:
يۇقىرىدىكى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، ئەمىر نۇر ئەھمەدكە ياردەم ئەۋەتىش مۇمكىن
بولمىغانىدى. تۇڭگانلار قەشقەردىكى پۈتۈن كۈچىنى توپلاپ، پۈتۈن شەھەرنى تۆت
ئەتراپىدىن مۇھاسىرىگە ئالدى. كېچە – كۈندۈز توختىماي توپ ئېتىپ، پىلىموت
بىلەن ئوققا تۇتۇپ ئارقا – ئارقىدىن ھۇجۇم قىلدى. لېكىن، ئەمىر نۇر ئەھمەد
ۋە ئەسكەرلىرى ھەر جەھەتتە ئۆزىدىن قاتمۇقات ئۈستۈن دۈشمەنگە مىسلىسىز
قەھرىمانلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، تۇڭگانلارنىڭ بۇ ھۇجۇملىرىنى چېكىندۈردى.
بۇ ۋەزىيەت 3 – مۇھەررەمگىچە داۋام قىلغان.
ئاخىرى تۇڭگانلار سېپىلنىڭ بىر تەرىپىنى كولاپ پارتىلاتقۇچ كۆمۈپ،
پارتلىتىپ بىر قىسمىنى يىقىتتى. يىقىلغان يەردىن بېسىپ كىرگەن تۇڭگانلارنىڭ
ھەممىسى مۇجاھىتلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئەسىر ئېلىنغان. بۇ شەكىلدە
ئۇرۇش يەنە تۆت كېچە – كۈندۈز داۋام قىلىپ، 8 – مۇھەررەمگە كەلگەندە
تۇڭگانلار ھۇجۇملىرىنى توختىتىپ ئوتتۇرىدا بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن.
مۇجاھىتلار ئۇرۇش توختىدى دەپ چۈشىنىپ، كېچە – كۈندۈز ئۇرۇشۇپ ھېچ ئارام
ئالمىغانلىقتىن ۋە ئۇيقۇسىز قالغانلىقتىن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىرئاز
ئىستىراھەتكە بېرىلگەن. بۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر غەپلەت ئۇيقۇسى بولغانىدى.
تۇڭگانلار سەھەردە سېپىلنىڭ ھېلىقى يىقىلغان يېرىدىن ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم
قىلىپ، سېپىل ئۈستىدىكى مۇھاپىزەتچىلەرنى شېھىت قىلىپ، شەھەرگە بېسىپ
كىرىدۇ. ئىستىراھەت ھالىتىدىكى ئەسكەرلەر يېتىشىپ كەلگۈچە، بىرقانچە مىڭ
تۇڭگان ئەسكىرى سېپىلنىڭ ئىچىگە كىرىۋالدى. سېپىل ئۈستىدە ۋە شەھەر
كوچىلىرىدا تۆت سائەت دۈشمەن بىلەن يۈزمۇ يۈز ئېلىشىپ، ئەسكەرلىرىمىزدىن
بىرەر مىڭ كىشى شېھىت بولدى، 400 گە يېقىنى ئەسىرگە چۈشتى. بۇ ئارىدا سېپىل
ئۈستىدە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىۋاتقان ئەمىر نۇر ئەھمەد بىردىن
غايىپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇھەررەمنىڭ 8 – كۈنى، 1934 – يىلى 4 – ئاينىڭ
23 – كۈنى، ئەسكەرلىرىمىز پاراكەندە بولۇپ قاچىدۇ. بۇلاردىن 1500 دەك كىشى
يەركەنگە قېچىپ كېلىدۇ.
ئىمىن ۋاھىدى، ئۆزىنىڭ 1938 – يىلى 12 – ئاينىڭ 24 – كۈنى يازغان «ئىنقىلاب
خاتىرىسى» نىڭ «يېڭىسار ئۇرۇشى» بۆلۈمىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ما جۇڭيىڭ
پۈتۈن كۈچى بىلەن يېڭىسارغا ھۇجۇم قىلدى. ئەمىر نۇر ئەھمەدنىڭ قوشۇنىدا
ياخشى قوراللار يوقتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار يىگىرمە كۈندەك يېڭىسارنى
يىگىتلەرچە مۇداپىئە قىلىپ، تۇڭگانلارنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. بۇ
جەرياندا، تۇڭگانلار تەرىپىدىن ئەسكەرلىككە مەجبۇرىي تۇتۇۋېلىنغان تۈرك
ياشلىرى مىلتىقلىرىنى ۋە ئوق – دورىلىرىنى ئەمىر نۇر ئەھمەدنىڭ
ئەسكەرلىرىگە سېپىلدىن سۇنۇپ بېرىپ، ئۆزلىرى تۇڭگانلارنىڭ قولىدا شېھىت
بولدى».
شۇنىڭ بىلەن تۇڭگانلار يېڭىسارنى ئىشغال قىلدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ
ۋەتەنپەرۋەر، قەھرىمان ئەۋلادى بولغان ئىككى ئىنىم غايىپ بولدى. گەرچە
بۇلارنىڭ دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ياكى شېھىت بولۇپ كەتكەنلىكى
ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. لېكىن، بۇ ئىككىسىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىدىن ھېچقانداق
بىر خەۋەر ئالالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇلارنى ۋەتەن ۋە مىللەت يولىدا
شېھىتلىك مەرتىۋىسىگە يەتتى، دەپ ئىشىنىمىز.
تۇڭگانلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەھشىيانە ئادىتى بويىچە، ئىككى كېسىلگەن باشنى ئەمىر
ئابدۇللاھ ۋە ئەمىر نۇر ئەھمەدنىڭ بېشى دەپ، قەشقەردە ئېسىپ قويدى. لېكىن،
بۇ ئىككى كېسىلگەن باش مۇجاھىتلار قوشۇنىدىكى ئافغانلاردىن يۈزبېشى ھاشىم
شاھى مەردان ۋە باز مۇھەممەد خانلارنىڭ بېشى ئىدى119.
پوسكامدا يۇقىرىقى قورقۇنچلۇق خەۋەرنى ئاڭلاپ، بىر سائەتتىن كېيىن يەنە بىر
يامان خەۋەر كەلدى. خوجىنىياز ھاجى ئىككى ئىنىمنىڭ غايىپ بولغانلىقى
مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يەركەندىكى مەركىزىمىزنى ئىگىلەپ ئەمىر
ئابدۇللاھنىڭ ئورۇنباسارى شىر ئەلىخاننى ھاقارەتلىگەن ۋە بۇلاڭ – تالاڭ
قىلىپ، پۈتۈن ئۆي سەرەمجانلىرىنى قىممەتلىك نەرسە كېرەك ۋە خەزىنىنى
ئېلىۋالغان.
بۇرۇن خوتەن ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن 1000 سەر ئالتۇننى ئامانەت قويغان كىشىنى
قورقۇتۇپ، ئۇنىمۇ ئېلىۋالغان. كۆك راباتتا بولسا مەھمۇد سىجاڭ قاتمۇقات
مۇسىبەتكە ئۇچرىغان قوماندان ۋە ئەسكەرلىرىمىزنى چەتكە قېقىپ،
ھاقارەتلىگەن. مانا بۇ ئىككى دەھشەتلىك خەۋەردىن كېيىن، ئالدىمدا تۇرغان شۇ
ئىككى يولدىن بىرىنى تاللىۋېلىشىم كېرەك ئىدى:(1) دەرھال يەركەنگە بېرىپ،
خوجىنىياز ھاجى ۋە مەھمۇد سىجاڭ بىلەن بىرلىشىپ، قوشۇننى تەرتىپكە سېلىپ
يېڭى بىر كۈچ تەشكىل قىلىش ۋە قايتۇرما ھۇجۇمغا جىددىي تەييارلىق قىلىش.
(2) بۇنداق بىرلىشىش مۇمكىن بولمىغان تەقدىردە، سابىت داموللام ۋە خوتەن
قوماندانلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، خوتەن ئەسكەرلىرىنى تەرتىپ – ئىنتىزام
بىلەن خوتەنگە قايتۇرۇپ كېلىش. مەيلى قايسى يولنى تۇتمايلى مېنىڭ يەركەنگە
بېرىشىم كېرەك ئىدى. خوجىنىياز ھاجىغا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئەتە يەركەنگە
كىرىدىغانلىقىمنى مەلۇم قىلدىم. خوجىنىياز ھاجى مېنىڭ يەركەنگە
كىرىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ، بەك قورقۇپ كەتكەن. چۈنكى، ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ
يۇقىرىقىدەك ئىنسانىيەتسىزلىك قىلمىشلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن
كىرىدۇ دەپ ئويلىغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ماڭا ھازىرچە يەركەنگە كىرمەي،
ئۇدۇل كۆك راباتقا بېرىپ، ئۇ يەردىكى قوشۇننىڭ قوماندانلىقىنى قولۇمغا
ئېلىشىمنى تەكلىپ قىلىپ خەت چىقاردى. مەن بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلماي، «ئالدى
بىلەن يەركەنگە كىرىپ سىلى بىلەن قىلىشىدىغان ئاساسلىق بىر مۇزاكىرە
نەتىجىسىدە، بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان ئىشلىرىمىزنى تەيىن قىلىشىمىز لازىم»
دېگەن مەزمۇندا خەت يېزىپ كىرگۈزىۋېتىپ، ئەتىسى مۇھەررەمنىڭ 11 – كۈنى
ئەتىگەندە يەركەنگە ماڭدىم.
خوجىنىياز ھاجىنىڭ يەركەندىكى مەركىزىمىزدىن بۇلاپ – تالىغان نەرسىلەرنى
يۈزدەك تۆگىگە يۈكلەپ، پوسكامغا ماڭدۇرغان كارۋىنى ئالدىمىزغا ئۇچرىدى.
يېنىمدىكى قوماندان ۋە ئەسكەرلىرىم بۇنى كۆرۈپ جىددىيلىشىپ قالدى. مەن
ئۇلارغا چېقىلماي تىنچ ئۆتۈپ كېتىشىنى ئۇقتۇردۇم. يېرىم يولدا خوجىنىياز
ھاجى ئىككى يۈزدەك ئەسكىرى بىلەن ئۇچرىدى. بىز بىر يەردە ئولتۇرۇپ يېرىم
سائاتچە سۆزلەشتۇق. سۆزىنىڭ باش – ئايىغىنىڭ تايىنى يوق ئىدى. چۈنكى، كۆزى
دائىم بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىزدە بولۇپ، قورقۇپ دەھشەت ئىچىدە قالغانلىقىنى
يوشۇرالماي قالدى. پاتراق قوپۇپ مېڭىپ كېتىشنىڭ غېمىدە ئىدى. ئاخىرى «بالا
– چاقىلىرىم پوسكامغا كەلگەنىكەن. ئىككى ئايدىن بېرى ئۇلارنى كۆرمىدىم.
ئۆزلىرىنىڭ يەركەنگە بۈگۈن كېلىشلىرىدىن خەۋىرىم يوق ئاتلىنىپ چىقىپتىمەن.
مەن ھازىر پوسكامغا بېرىپ، ئەتە يېنىپ كىرىمەن. ئۆزلىرى ئۇ چاغغىچە
يەركەندە تۇرۇپ تۇرسىلا. مەن كىرگەندىن كېيىن مۇزاكىرىلەشسەك» دېدى.
مەن
خوجىنىياز ھاجىنىڭ قېچىپ چىققانلىقىنى ۋە تا قىيامەتكىچە يەركەنگە قايتا
كىرمەيدىغانلىقىنى سېزىپ قالدىم. ئۇنىڭ يەركەندە بولغىنىدىن بولمىغىنى
ياخشىراق دەپ ئويلاپ يەركەنگە ماڭدىم. كېچە سائەت 12 دە يەركەنگە كىرىپ،
سابىت داموللا ھاجىم بىلەن كۆرۈشۈپ، قىلىدىغان ئىشلىرىمىز ھەققىدە
مۇزاكىرىگە كىرىشتۇق. بىراق، داموللاممۇ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ
قالغان بولۇپ، خىيالىدا جېنىنى قۇتقۇزۇپ چەت ئەلگە قېچىشتىن باشقا نەرسە
قالمىغان بىر ھالەتتە ئىكەن. مەن يەركەندە 24 سائەت تۇردۇم. مۇھەررەمنىڭ 12
– كۈنى ( 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى) ئىشەنچلىك كىشىلەر ماڭا شۇ خەۋەرنى
يەتكۈزدى: خوجىنىياز ھاجىنىڭ نىيىتى بۇزۇلغان بولۇپ، سابىت داموللامنى ۋە
مېنى ئەسىرگە ئالماقچى ياكى ئۆلتۈرمەكچى ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، خوتەنگە
بېرىپ خوتەن ھۆكۈمدارى مىلىك ھەزرىتىمنى تۇتۇپ خوتەننىڭ غەزىنىسىنى قولغا
چۈشۈرمەكچى؛ ئۇ يەردىن خوتەن قېيى يولى بىلەن ئاقسۇغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى
شېڭ شىسەينىڭ رۇس ۋە چىنلىق قوماندانلىرىغا بۇ خىزمىتىنى دوكلات قىلىپ،
ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزماقچى؛ شۇڭا قانداق قىلىپ بولمىسۇن بۇ پىلانىنى
بۈگۈن يا ئەتە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغانلىقى مەلۇم بولدى.
يېڭى
شەھەردىكى خوجىنىياز ھاجىنىڭ قوماندانلىرىنىڭ بەزى ھەرىكەتلىرى يۇقىرىقى
خەۋەرنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقتا ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن دەرھال
يېڭىشەھەردىكى ئەسكەرلىرىمنى ئېلىپ كونا شەھەرگە يۆتكىلىپ كىردىم.
دېگەندەك، مېنىڭ يېڭىشەھەردىن ئايرىلغانلىقىمنى ئاڭلاپ، ئۇلار خۇددى چوڭ
بىر غەنىمەتنى قوللىرىدىن چىقىرىپ قويغاندەك ئالاقزادىلىشىپ كەتتى.
خوجىنىياز ھاجى بۇنى ئاڭلاپ، ماڭا خەت يېزىپ بىر قانچە كاتتىۋاشلىرىنى
يوللىدى. خەتنىڭ مەزمۇنى، ئۇنىڭ بىزگە قارىتا ھېچقانداق بىر يامان نىيىتى
يوقلىغىنى بىلدۈرۈپ، قەسەم قىلىپ مېنى ئالداشتىن ئىبارەت ئىدى. مەن ئۇنىڭغا
ئەۋەتكەن ئادەملىرى ئارقىلىق بىر ئېغىزدىن مۇناسىپ جاۋاب بېرىپ، ئەگەر
ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ ياخشى تەرەپكە باشلاش نىيىتى بولسا، خوجىنىياز ھاجى ئۆزى
يەركەنگە كىرسۇن، دەپ ئېيتتىم. كېچىدە خەۋەرچىلەرنىڭ بەرگەن مەلۇماتىدىن،
خوجىنىياز ھاجىنىڭ ماڭا ۋە سابىت داموللا ھاجىمغا سۇيىقەست قىلماقچى
بولغانلىقىدىن ھېچ شۈبھە قالمىدى.
ئەتىسى مۇھەررەمنىڭ 3 – كۈنى، داموللامنى دەرھال كونا شەھەرگە كىرىپ مېنىڭ
قېشىمدا تۇرۇشىنى ياكى مەخپىي يول بىلەن خوتەنگە كېتىشىنى بىلدۈرۈپ ئادەم
ئەۋەتتىم. چۈنكى، داموللام شەھەرنىڭ تېشىدا بىر باغدا تۇرىۋاتاتتى. يېنىدا
ئەسكەر يوقتى ۋە سۇيىقەست قىلىنسا قوغدىنىشى مۇمكىن ئەمەستى. داموللام،
كونا شەھەرگە كىرمەي ئەتە مەخپىي ھالدا خوتەنگە مېڭىپ كېتىدىغانلىقىنى
مەلۇم قىلدى. شۇ كۈنى مەھمۇد سىجاڭ پۈتۈن ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ، تۇيۇقسىزلا
كۆك راباتتىن يېڭىشەھەرگە يېنىپ كىردى. بىزنىڭ كۆك راباتتا قالغان
ئەسكەرلىرىمىزمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كونا شەھەرگە كىردى. قوماندانلىرىمىز
مەھمۇد سىجاڭنىڭ يەركەنگە كىرىشىنىڭ سىرلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى مەلۇم
قىلدى. شۇڭا مەن يېڭى شەھەرگە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى چىقمىدىم. بىتاب
ئىكەنلىكىمنى باھانە قىلىپ، بىر قانچە كىشىنى چىقارتىپ كۈتۈۋېلىش
مۇراسىمىنى ئادا قىلىپ قويدۇم. ئاخشام سائەت تۆتكە يېقىن مەھمۇد سىجاڭ مەن
بىلەن كۆرۈشكىلى ئۆزى كەلدى. يېرىم سائاتتەك ئولتۇرۇپ، ھېچنەرسىنى مۇزاكىرە
قىلمايلا چىقىپ كەتتى.
بىر
سائاتتىن كېيىن مەھمۇد سىجاڭنىڭ ھاپىز تەنجاڭنى بىر قىسىم ئەسكەر بىلەن
چىقىرىپ، سابىت داموللا ھاجىمنى تۇتۇپ قوللىرىنى باغلاپ ۋەھشىيانە بىر
ھەرىكەت بىلەن يېڭىشەھەرگە ئېلىپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇ يەردە داموللامنى خەلق
ئالدىدا ھاقارەت قىلىپ باغلاپ قويغانلىق خەۋىرى كەلدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ،
دەرھال مەھمۇد سىجاڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئېتىرازنامە بىلەن ئادەم
كىرگۈزدۈم ۋە دەرھال سابىت داموللا ھاجىمنى قويۇپ بېرىپ، يېنىمغا چىقىرىپ
بېرىشىنى تەلەپ قىلدىم. مەھمۇد سىجاڭ بۇنىڭغا، «مەندىن خەۋەرسىز ئادەملىرىم
شۇنداق قىلىپتۇ. مەن ئەتە داموللامنى ھۇزۇرلىرىغا چىقىرىپ بېرىمەن» دەپ
جاۋاب بەردى (1934 – يىلى 4 – ئاينىڭ 28 – كۈنى).
شۇ
كۈنى كەچتە خەۋەرچىلىرىمىز، مەھمۇد سىجاڭ ۋە قوماندانلىرىنىڭ خوجىنىياز
ھاجىنىڭ ئەمرىگە بىنائەن، بۇ كېچە قانچىلىك بەدەل كېتىشىدىن قەتئىينەزەر،
مېنى چوقۇم تۇتۇشقا ياكى ئۆلتۈرۋېتىشكە قارار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
مەن دەرھال قوماندانلىرىمنى يىغىپ، ئەھۋالنى مۇزاكىرىلەشتىم. ئۇلار مۇنداق
دەپ پىكىر بەردى: «مەھمۇد سىجاڭنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قورال بىلەن جاۋاب
بېرىشتىن باشقا چارە يوق. ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇش
ئېھتىمالى تەڭ نىسبەتتىدۇر. چۈنكى، ئەسكەرلىرىمىز ناھايىتى چارچاپ كەتكەن
ۋە رۇھىي سۇنغان بىر ھالەتتە. بىز ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى سىلنىڭ مەۋجۇد بولۇپ
تۇرۇشلىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئورۇنلىرىدا بىر كىشىنى قويۇپ، بۇ كېچە يوشۇرۇن
ھالدا خوتەنگە مېڭىپ كەتسىلە. ئەگەر، مەھمۇد سىجاڭ بىزگە يامان نىيەتتە
بولسا، ئۇنىڭغا لايىقىدا جاۋاب بېرىمىز.» بۇ پىكرلەرگە ئاساسەن، مەن
يېنىمغا ئاتمىش كىشىنى ئېلىپ كېچىسى شەھەردىن چىقىپ كەتتىم. ئارقا يولىدىن
يۈرۈپ، 5 – ئاينىڭ 3 – كۈنى گۇمىغا كېلىپ توختىدىم.
شۇنىڭ بىلەن خوجىنىياز ھاجىنىڭ مېنى تۇتۇش ۋە خوتەنگە يۈرۈش قىلىش پىلانى
سۇغا چىلاشتى. مەھمۇد سىجاڭ ئەتىسى ئاخشامغىچە مېنىڭ كەتكەنلىكىمدىن
خەۋەرسىز قالدى. 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان مەھمۇد سىجاڭ،
پىلانىنى ئۆزگەرتىپ ئورنۇمدا قالغان قوماندانلىرىمىزدىن غاپپار ھاجى،
تۇرسۇن باقىخان ۋە مۇھەممەت ئەيساخان قاتارلىقلارنى ئەسكەرلىرى بىلەن
بىرلىشىپ بىرلىكتە تۇرۇپ، تۇڭگانلاردىن مۇداپىئە قىلايلى، دېگەن باھانە
بىلەن يېڭىشەھەرگە ئېلىپ كىرىشنىڭ كويىغا چۈشتى. بۇنىڭدىكى مەقسىتى،
كۆپىنچىسى پىيادە قىسىملاردىن تەركىپ تاپقان خوتەن قوشۇنىنى تۇڭگانلارغا
قارشى ئالدىنقى سەپكە چىقىرىپ قويۇپ، ئۆزى تۇڭگانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن خاتىرجەم
بولۇپ، خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئارقىسىدىن ئاقسۇغا يۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى.
قوماندانلىرىمىز مەھمۇد سىجاڭنىڭ نىيىتىنى بىلىپ قالغانلىقتىن بۇنىڭغا
قوشۇلمىدى. لېكىن، شەھەر ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئەسكەرلىرىمىزنى زورلۇق
بىلەن يېڭىشەھەرگە كىرىشكە مەجبۇر قىلدى. قوماندانلىرىمىزدىن بەزىلىرى
ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ خوتەنگە يۈرىدى. غاپپار ھاجى باشلىق بىر قانچە
قوماندانلىرىمىز مەھمۇد سىجاڭنىڭ تەھدىتلىرىگە پىسەنت قىلماي كوناشەھەردە
تۇرۇۋەردى.
تۇڭگانلار يەركەنگە يېقىنلىشىپ، 5 – ئاينىڭ 11 – كۈنى كۆك راباتقا كەلدى.
مەھمۇد سىجاڭ ئەتىسى يەركەندىكى پۈتۈن ئەسكەرلىرىنى ۋە يېڭىشەھەردىكى خوتەن
ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ، شەھەرنى بوشىتىپ پوسكامنىڭ شەرقىي شىمالدىكى بەش كەنت
دېگەن جايغا ماڭدى. سەھەردە بىزنىڭ كوناشەھەردىكى ئەسكەرلىرىمىزمۇ شەھەردىن
چىقىپ، خوتەنگە ماڭدى. شۇنىڭ بىلەن يەركەن شەھىرى پۈتۈنلەي بوشالدى ۋە 5 –
ئاينىڭ 12 – كۈنى تۇڭگانلار يەركەننى ئىشغال قىلدى.
مەھمۇد سىجاڭنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى تارىختا بىر مىللىي ئىنقىلابچى ئۈچۈن يامان
بىر ئەيىپتۇر. لېكىن، بۇ ئەيىب مەھمۇد سىجاڭغا يۈكلەنمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ زات
خوجىنىياز ھاجىنىڭ قول ئاستىدا بولۇپ خوجىنىياز ھاجىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا
قىلىشقا مەجبۇر ئىدى. يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مەھمۇد سىجاڭ ئۆز
ئىختىيارى بىلەن قىلغان ئىش ئەمەس، بەلكى خوجىنىياز ھاجىنىڭ قەتئىي بۇيرۇقى
بىلەن قىلغانلىقى مەلۇمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ تارىخىي ئەيىب پۈتۈنلەي
خوجىنىياز ھاجىغا يۈكلىنىشى كېرەك.
خوجىنىياز ھاجى ۋە مەھمۇد سىجاڭلار بەشكەنتتىن مەكىتكە قاراپ يولغا چىقتى.
ئۇلار بىرگە ئېلىپ ماڭغان خوتەن ئەسكەرلىرى يولدا ئۇلاردىن ئايرىلىپ چىقىپ
خوتەنگە كەتكىلى باشلىدى. خوجىنىياز ھاجىلار مەكىتكە بارغاندا تۇڭگانلار
ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەنلىكتىن، دەرھال ئاقسۇغا ماڭدى. ئاقسۇغا يېقىن
«شاقۇ» دېگەن جايغا كەلگەندە تۇڭگانلار يېتىشىپ كېلىپ، كېچىسى تۇيۇقسىز
باسقۇن قىلدى. ئۇلار ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ پاراكەندە ھالدا قېچىپ، ئاقسۇنىڭ
ئاۋات دېگەن يېرىگە بېرىپ توختىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاقسۇغا كىرىپ رۇس
قوماندانى بېكتىف بىلەن كۆرۈشۈپ، قولىدىكى سابىت داموللا ھاجىم ۋە زىرىپ
قارى ھاجىم (قەشقەر ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە نازىرى، يەركەندە ئەسىر ئالغان) نى
ئۇنىڭغا سوۋغا قىلدى. بېكتىف، خوجىنىياز ھاجىنى كۆرۈنۈشتە ياخشى قارشى
ئالغان بولدى.
يەركەندىن يولغا چىققان ئەسكەرلىرىمىزنىڭ گۇمىغا يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ مەن
گۇمىدا تۇرۇپ قالدىم. كەلگەن ئەسكەرلەرنى ئارقا – ئارقىدىن خوتەنگە يولغا
سالدىم. ئاخىرىدا، بىر قىسىم ئەسكەرنى گۇمىدا قويۇپ، مۇھەررەمنىڭ 14 – كۈنى
خوتەنگە قايتتىم. گۇمىدىكى ۋاقتىمدا يەركەندىكى تۇڭگانلارغا كۆرۈنۈشتە
كېلىشىم تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ھەقىقىي نىيىتىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتى بىلەن
بىر ھەيئەت ئەۋەتتىم. نەتىجىدە تۇڭگانلارنىڭ خوتەن ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىش
نىيىتىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال خوتەنگە خەت يېزىپ،
ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي بىر ھەيئەت تەشكىللەپ قەشقەرگە ئەۋەتىشىنى ئىلتىماس
قىلدىم. مەن زاڭگۇي كەنتىگە كەلگىنىمدە، ئىچكى ئىشلار نازىرى داموللا
ئابدۇجېلىل ھاجىم ۋە خوتەننىڭ قازىسى باشلىق ھەيئەتلەر بىلەن ئۇچراشتىم.
ئۇلارنى قەشقەرگە ما جۇڭيىڭنىڭ ئالدىغا ماڭغۇزۇۋېتىپ، 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى
خوتەنگە كەلدىم. خوتەن خەلقى، مۇجاھىدلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ئېغىر
مۇسىبەتلەر سەۋەبىدىن ماتەمدە ئىكەن. مەن ئەتىسى خەلق ۋە ئەسكەرلەرنى
خوتەننىڭ راۋاق مەيدانىغا يىغىپ ئۇلارغا سۆز قىلدىم. قەشقەر ۋە يېڭىساردىكى
پاجىئەلەردە ئىككى ئىنىم باشلىق ۋەتەن ئۈچۈن شېھىت بولغانلارنىڭ شاھادىتىنى
ئېلان قىلدىم. خەلقنى بۇ مۇسىبەتلەرگە ھازا تۇتماسلىقنى، ھېچقانداق ماتەم
مۇراسىم ئۆتكۈزمەسلىكىنى سۆزلىدىم. ئالدىمىزدىكى خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن،
تەييارلىنىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ سەپەرۋەرلىككە چاقىردىم. شۇ كۈندىن
باشلاپ، ئەسكەرلىرىمىزنى يېڭىدىن تەرتىپكە سېلىشقا، مۇمكىنقەدەر قورال ۋە
ئوق – دورا تەييارلاشقا كىرىشىپ كەتتۇق ۋە تاربوغازدا ئىستىھكام ياسىدۇق.
بىز بۇ ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋاقىتتا مەھمۇد سىجاڭ ۋە خوجىنىياز
ھاجىلار بىزگە ئايرىم – ئايرىم خەت يېزىپ، يەركەندىكى قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن
تارىخ ئالدىدا زىممىسىگە يۈكلىنىدىغان ئەيىبىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، يەركەن
مەغلۇبىيىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىزگە ئارتىپ، يەنە بىزنى ئۇلارنىڭ تەرىپىگە
ئۆتۈشكە يەنى دۈشمەنگە تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلغانىدى. بىز بۇ مەنىسىز
خەتلەرگە جاۋاب يېزىشىنى لازىم كۆرمىدۇق.
20 –
پەسىل
خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ يىقىلغانلىقى
ما
جۇڭيىڭغا ئەۋەتكەن ھەيئىتىمىزنىڭ باشلىقى ئىچكى ئىشلار نازىرىمىز گۇمىغا
بېرىپلا ئىستېپا بېرىپ شۇ يەردە قالدى. ئەمما، قازى باشلىق باشقا ھەيئەت
ئەزالىرى قەشقەرگە باردى. ھەيئەتنىڭ بىزگە ئەۋەتكەن خېتىدىن بىزنىڭ كېلىشىم
تەكلىپلىرىمىزنىڭ ما جۇڭيىڭنىڭ پىلانىغا مۇۋاپىق كەلمىگەنلىكى مەلۇم بولدى.
ما جۇڭيىڭنىڭ پىلانى، دۈشمەن قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغان زامان خوتەنگە قېچىپ
بېرىپ، ئۇ يەردىن چارقىلىق يولى بىلەن گەنسۇغا كېتىش ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن،
مەيلى ئۇرۇشسۇن ياكى سۈلھى قىلسۇن خوتەننى ئىشغال قىلىپ، ئاندىن گەنسۇغا
ئۆتۈپ كېتىش كېتىشتىن باشقا يولنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
بىز بۇ تۇڭگانلارنىڭ يەر يۈزىدىكى ئەڭ زالىم ۋە ئىنتايىن ۋەھشىي بىر
قوراللىق بۇلاڭچىلار گۇرۇھى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن،
تۇڭگانلارنىڭ خوتەننى ئىشغال قىلىشىنى ئەڭ يامان دۈشمەننىڭ ئىشغالى بىلەن
تەڭ دەپ قارىدۇق. بىز كۈچىمىز يەتكەن ئاخىرقى مىنۇتقىچە تىركىشىپ،
يۇرتىمىزنى ۋە خەلقىمىزنى قاراپ تۇرۇپ، تۇڭگانلارنىڭ بۇلاڭ – تالىڭىغا
تۇتۇپ بەرمەسلىككە قارار قىلدۇق. 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، زاۋىغا ئەسكەر
توپلاپ مۇداپىئەگە تەييارلاندۇق.
5 –
ئاينىڭ 30 – كۈنى ما جۇڭيىڭ، ما رۇلۇڭنىڭ قوماندانلىقىدا ئەڭ يېڭى مىلتىق
ۋە پىلىمۇتلار بىلەن قوراللانغان بىر ئاتلىق قىسىمنى گۇمىغا يوللىدى.
گۇمىدىكى مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىمىز زاۋىغا قايتىپ كەلدى. ما رۇلۇڭ 6 –
ئاينىڭ 4 – كۈنى پىيالمىغا كەلدى. دۈشمەن بىلەن ئارىمىزدا 35 كىلومېتىرلىق
بىر چۆل قالغانىدى. ما رۇلۇڭ تاربۇغازدىكى كۈچلىرىمىز ۋە
ئىستىھكاملىرىمىزدىن قورقۇپ، ئىلگىرىلىيەلمەي پىيالمىدا توختاپ قەشقەردىن
ياردەم تەلەپ قىلدى. بىز ئەسكەرلىرىمىزنى قۇمرابات ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى
ئالدىنقى سەپتىن ئىلگىرىلىمەي تۇرۇپ، تۇڭگانلار ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە ئۇزۇن
چۆلدىن چارچاپ كەلگەن دۈشمەننى ئارىغا ئېلىپ، يان ۋە ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم
قىلىشنى قارار قىلدۇق. ئامىل خان ھاجىمنى ئالدىنقى سەپ قىسىملىرىمىزنىڭ باش
قوماندانى قىلىپ تەيىنلىدۇق. مەن 6 – ئاينىڭ 6 – كۈنى بەزى مۇھىم ئىشلارنى
ھەل قىلىش ئۈچۈن شەھەرگە كەلدىم.
زاۋىدىكى قوماندانلىرىمىز تۇڭگانلارغا قەشقەردىن ياردەم كېلىشتىن بۇرۇن،
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز بىر كېچە باسقۇنى قىلىشنى قارار قىلىپ، 9 –
ئاينىڭ 9 – كۈنى كېچىسى پىيالمىغا يۈرگەن. لېكىن، چۆلدىكى كېچە
قاراڭغۇلۇقىدا ئەسكەرلەر يولدىن ئېزىپ قالغانلىقتىن ئايلىنىپ يۈرۈپ ئوتتۇرا
يولغا كەلگەندە تاڭ يورۇپ قالغانلىقتىن ئارقىغا قايتىشقا مەجبۇر بولغان.
ئەسكەرلەر قۇمراباتقا ناھايىتى ھارغىن كەلگەنلىكتىن قوماندانلار ئالدىنقى
سەپتە ئازراق ئەسكەر قويۇپ، قالغانلارنى تاماق يېيىش ۋە ئىستىراھەت قىلىشقا
رۇخسەت قىلغانىكەن. ئەسكەرلىرىمىزنىڭ كېچىدە ئېزىقىپ يۈرۈپ ئوتتۇرا يولدىن
قايتىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ما رۇلۇڭ، سەھەر ۋاقتى بىلەن قۇمراباتقا
ھۇجۇم قىلىدۇ. ئىستىراھەت قىلىۋاتقان ئەسكەرلىرىمىز يەرلىرىگە كېلىپ
بولغۇچە تۇڭگانلار تاربۇغازغىچە بېسىپ كەلگەن. دەرھال ئەسكەرلىرىمىز
يېتىشىپ كېلىپ شىددەتلىك ئۇرۇش باشلانغان ۋە تۇڭگانلارنى ئارقىغا
چېكىندۈرگەن. تۆت سائەت داۋام قىلغان جەڭدە تۇڭگانلار ئىلگىرىلىيەلمىگەن.
كەچقۇرۇن تۇڭگانلار ئالدىنقى سەپنىڭ شىمالىدىن ئوڭ تەرىپىنى قورشىۋېلىپ
ئەسكەرلىرىمىزنى ئىككىگە بۆلىۋېتىپ، پىلىمۇتلاردىن يامغۇردەك ئوق ياغدۇرۇپ
بېسىپ كېلىشكە باشلىغان. نەتىجىدە ئەسكەرلىرىمىز چېكىنىشكە باشلىغان.
ئەسكەرلىرىمىز زاۋىغا كېلىپ سەپنى تۈزىگەن بولسىمۇ، پىيادە قىسىمدىكىلەر
بەك پاراكەندە بولۇپ كەتكەنلىكتىن ئۇلارنى سەپكە يېغىش مۇمكىن بولمىغان.
شۇنىڭ بىلەن خوتەننىڭ ئەڭ مۇستەھكەم ئەسكىرىي بازىسى دۈشمەننىڭ قولىغا
چۈشۈپ كەتتى.
كەچ
سائەت بەشتە قاچقان ئەسكەر ۋە قوماندانلىرىمىز شەھەرگە كەلگىلى باشلىدى.
تۆت سائەتكىچە ئەسكەرلىرىمىزنىڭ يىغىلىشىنى كۈتتۈم. ئەمما، شەھەرگە ئاران
ئون پىرسەنتكە يېقىن ئەسكىرىمىز يىغىلغانىدى. قالغان توقسان پىرسەنت
ئەسكىرىمىزدىن خەۋەر يوقتى. شۇنىڭ بىلەن شەھەردە مۇھاسىرىدە قېلىپ تۇرۇپ
مۇداپىئە ئۇرۇشى قىلىش مۇمكىن بولمىدى. ئاخىرى مەن زاۋا ئالدىنقى سېپىگە
بېرىپ، چېچىلىپ كەتكەن ئەسكەرلىرىمىزدىن يىغالىغانلىرىمنى يىغىپ، شەھەرنى
مۇداپىئە قىلىش؛ ئەگەر بۇ ئەمەلگە ئاشمىغاندا تاغ تەرەپكە كېتىپ، ئۇ يەردە
كۈچ توپلاپ دۈشمەنگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش پىلانى بىلەن سەھەر ۋاقتىدا
يۈزدەك كىشى بىلەن يولغا چىقتىم. لېكىن، چېچىلىپ كەتكەن قىسىمنى دەرھال
يىغىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، زاۋىغا بارماي تاغ تەرەپكە ماڭدىم.
تاغقا يېتىپ بارماي تۇرۇپ، 300 دەك ئاتلىق ئەسكەر يىغىلدى. ئەتىسى تاغدىكى
لاڭرۇ كەنتىگە بېرىپ توختىدۇق. بۇ يەردە 500 ئاتلىق كىشىگە يەتتى. 6 –
ئاينىڭ 15 – كۈنى لاڭرۇنىڭ يۇقىرىسىدىكى پوپۇنا دېگەن كەنتكە يۆتكەلدۇق. ئۇ
جاينىڭ مۇستەھكەم شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، بۇ جاينى مەركەز قىلىپ كۈچ
توپلاشقا قارار قىلدۇق. مەن 200 ئاتلىق بىلەن پوپۇناغا يۈردۈم. قالغان 300
ئاتلىق ئەسكەر كېچىسى شەھەرگە يېقىنراق جايدا مانېۋىر ئېلىپ بېرىپ،
دۈشمەننىڭ دىققىتىنى باشقا تەرەپكە تارتىپ، تاغدىكى مەركىزىمىزنى ساقلاپ
قېلىشنى پىلانلاپ لاڭرۇدا قالدى. ئۇلار كېچىسى شەھەر ئەتراپىدا
ھەرىكەتلىنىپ لاڭرۇغا قايتىپ كەلگەن. بىر كېچە ئۇيقۇسىز قالغانلىقى ئۈچۈن
كېلىپلا دەم ئېلىشقان. دۈشمەن جاسۇسلىرى ئارقىلىق بۇ پىلانىمىزنى بىلىپ
قېلىپ، سەھەردە لاڭرۇغا ھۇجۇم قىلدى. ئەمما، قاراۋۇللىرىمىز ۋاقتىدا خەۋەر
قىلغانلىقتىن، ئۇلار پوپۇنا ئىستىھكامىغا كېلىپ دۈشمەننىڭ ئالدىنى توسۇپ
قارشىلىق كۆرسەتكەن. لېكىن، تۇڭگانلار ئېگىزلىكلەرنى بۇرۇن ئىشغال
قىلىۋالغانلىقتىن، ئەسكەرلىرىمىز يۇقىرىغا چىقالماي تۆۋەنگە قاراپ ماڭغاندا
تۇڭگانلار ئارقىسىدىن ئوققا تۇتۇشقا باشلىدى. ئۈچ سائەت داۋام قىلغان ئۇرۇش
ئاخىرى بىزنىڭ زىيىنىمىز بىلەن ئاخىرلاشتى. چۈنكى دۈشمەن چېكىنىش يولىمىزنى
كېسىپ تاشلايدۇ. ئەسكەرلىرىمىز قورشاۋدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دەرياغا ئات
سالىدۇ. بەزىلىرى تاغ يوللىرى بىلەن يۈرۈپ مۇھاسىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ ( 23
– خەرىتىگە قاراڭ ).
بۇ
ئۇرۇشتا قىممەتلىك قوماندانلىرىمىزدىن تۇرسۇن باقى خان، ئىسمائىل داموللام
ۋە مېنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىمدىن تۆت كىشى بولۇپ 200 دەك ئەسكىرىمىز شېھىت
بولدى. نەتىجىدە، پوپۇنا دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشتى ۋە بىزنىڭ مۇداپىئە
كۈچىمىز پۈتۈنلەي ئاجىزلىدى. شۇنىڭ بىلەن پوپۇنا دەرياسىدىن كېچىپ، 42
كىلومېتىر يول يۈرگەندىن كېيىن كېچىسى دۇۋا كەنتىگە كەلدۇق. ئۇ يەردىمۇ
دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىدىن ئەنسىرەپ ئۇزۇن تۇرالماي ماڭدۇق. كېچىسى يول مېڭىپ، 5
– كۈنى سانجۇ داۋىنىنىڭ ئېتىكىدە ھىندىستانغا بارىدىغان يولنىڭ ئاغزىغا
كېلىپ توختىدۇق.
بۇ
چاغدا يېنىمدا ئەللىك كىشى قالغانىدى. بۇلاردىن بىر قىسمى رۇخسەت سوراپ
يۇرتىغا كېتىپ ئوتتۇز كىشى قالدى. بۇ يەردە ئون كۈندەك تۇرغاندىن كېيىن،
مەن يەنە ئۈمىدسىزلەنمەي يۇرتقا يېقىن بېرىپ، ئۆزۈم بىر كۈنلۈك ئۇزاقتا
قېلىپ قوماندان ۋە ئەسكەرلەرنى سانجۇغا ئەۋەتتىم. بۇنىڭدىن مەقسىتىم،
سانجۇدا تەرەپتارلىرىمىزنى توپلاشقا مۇمكىن بولسا توپلاش ۋە يېڭىدىن
كۈرەشكە ئاتلىنىش ئىدى. لېكىن، سانجۇدا دۈشمەن ئەسكەرلىرى بولغانلىقى
ئۈچۈن، ئۇلار بۇنىڭغا مۇۋەپپەق بولالماي تاغ يولى بىلەن خوتەن تەرەپكە
كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى. ئەمدى يېنىمدا 12 كىشىلا قالغانىدى. بۇ ئارىدا
تۇڭگانلارنىڭ مەن تۇرغان تەرەپكە يۈرۈش قىلغانلىقى، لېكىن دەريادا سۇ كۆپ
بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆتەلمەي توختاپ قالغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر كەلدى. شۇنىڭ
ئۈچۈن 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، سانجۇ داۋىنىدىن ئۆتۈپ ئىككى كۈن يول يۈرگەندىن
كېيىن سۆگەت قۇرۇلغا كەلدىم. بۇ يەردە ئالتە كۈن تۇردۇم. ھەر جەھەتتىن
ئۈمىدسىز قالغاننى ئاز دەپ، دۈشمەننىڭ تەھدىت خەتلىرى كەلگىلى باشلىدى ۋە
دۈشمەننىڭ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالىمۇ كۈچەيدى. ئوزۇقىمىز ۋە ئاتلىرىمىزنىڭ
يەم – خەشەكلىرى تۈگەپ قالاي دېگەنىدى. مانا بۇ ۋەزىيەتتە مەجبۇرىي ھالدا 7
– ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھىندىستانغا قاراپ يولغا چىقتۇق.
تۇڭگانلار زاۋىنى ئالغاندىن كېيىن سەھەردە قاراقاشنى ئىشغال قىلدى. خوتەن
ھۆكۈمدارى مىلىك شەھەر كاتتىلىرىنى يىغىپ، ھېچقانداق بىر مۇداپىئە كۈچى
قالمىغانلىقتىن تۇڭگانلارغا تەسلىم بولۇشقا قارار قىلغانلىقىنى ما رۇلۇڭغا
مەلۇم قىلدى. 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، ما رۇلۇڭ ئىلچىگە كېلىپ شەھەرنى ئىشغال
قىلدى. تۇڭگانلار خەلقنى ئالداپ، مىلىكنى خوتەنگە دوتەي (ۋالىي) قىلدى.
ئەمما، بۇ ھېچقانداق ھوقۇقى بولمىغان قۇرۇق بىر ئۇنۋاندىن ئىبارەت ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن خوتەن ئىنقىلابى يىقىلدى.
21 –
پەسىل
ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى سەھىپىلىرى
خوجىنىياز ھاجى ئۆزىنى بېكتىفكە تەسلىم قىلغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەي ئۇنى
ئۈرۈمچىگە چاقىردى ۋە « فۇ جۇشى » لىق مەنسىپىنى بېرىپ، قوراللىق مىللىي
ئىنقىلابچىلارنى يوقىتىپ تۈگەتكىچە بولغان مۇددەت ئىچىدە ھۆكۈمەتكە
ۋاقىتلىق شېرىك قىلدى. ھۆكۈمەت يارلىقلىرىغا ۋە قەغەز پۇلغا ئۇنىڭ
ئىسمىنىمۇ يازدى. مەھمۇد سىجاڭ 4000 يېقىن يەرلىك ئەسكەرلەرگە قوماندان
بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولۇپ ئاقسۇدا قالدى. 1934 –
يىلى 7 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رۇس ۋە چىنلىقلاردىن تەركىپ تاپقان شېڭ
شىسەينىڭ ئاقسۇدىكى ئەسكەرلىرى قەشقەرگە يۈرۈش قىلدى. تۇمشۇق تاغدا
تۇڭگانلار بىلەن قاتتىق ئۇرۇش بولدى. دۈشمەن توپ ئېتىپ ۋە ئايروپىلاندىن
بومبا تاشلاپ، تۇڭگانلارنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتتى. نەتىجىدە تۇڭگانلار
مارالبېشىغا چېكىندى. شېڭ شىسەينىڭ ئايروپىلانلىرى ئۇ يەرنىمۇ بومباردىمان
قىلدى. تۇڭگانلار پاراكەندە بولۇپ قەشقەرگە قاچتى ۋە بىر قىسمى يەركەنگە
كەلدى.
بۇ
مەغلۇبىيەتتىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ما جۇڭيىڭ، گەنسۇغا كېتىشتىن ئۈمىدىنى
ئۈزۈپ بىر قىسىم ئادەملىرى بىلەن پەرغانىگە بېرىپ رۇسلاردىن پاناھلىق
تىلىدى. باشقا تۇڭگانلار ئۇنىڭ تۇغقىنى بولغان ما خۇسەننىڭ باشچىلىقىدا
قەشقەردىكى بىگۇناھ مۇسۇلمانلارنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىپ ئۆيلىرىگە ئوت
قويۇۋەتتى ۋە قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن ۋەھشىيلىكلەرنى قىلىپ خوتەنگە قاچتى.
بۇلار خوتەنگە كېلىپلا چارقىلىق يولى بىلەن گەنسۇغا كېتىشكە تەييارلاندى ۋە
بىر قىسمى ماڭدى.
بۇ
چاغدا شېڭ شىسەي قەشقەردىكى ئەسكەرلىرىنى قىسقارتتى ۋە ئۇلارنى يەركەندە
توختاتتى. بۇنىڭ سەۋەبى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شېڭ شىسەيگە قىلغان بۇ ئاشكارا
ياردىمىگە قوشنا دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى سەۋەب بولىشى
مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرىنى قەشقەرگە كىرگۈزمەي
قايتۇرۇپ كەتكەن. گەرچە شېڭشىسەي قەشقەردە بىر قىسىم چىنلىق ئەسكەرلىرىنى
قالدۇرغان بولسىمۇ قەشقەرنى ساقلاش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەستى. بۇ سەۋەبتىن
شېڭ شىسەي مەھمۇد سىجاڭغا يېقىنچىلىق قىلىپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى تۈرك
ئەسكەرلىرىنى قەشقەر ۋە يەركەندە تۇرغۇزدى ۋە ئۇنىڭغا «سىجاڭ»لىق مەنسىپى
بەردى.
يۇقىرىقى سەۋەبتىن شېڭ شىسەينىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ خوتەنگە ھۇجۇم قىلالمىدى.
شۇنىڭ بىلەن ما خۇسەنمۇ گەنسۇغا كەتمەي خوتەندە قالدى ۋە ھەتتا يەركەندىن
تارتىپ چەرچەنگىچە ۋە بەلكى چارقىلىققىچە بولغان يەرلەرنى ئىگىلەپ تۇردى.
شېڭ شىسەينىڭ ئالتاي ھۆكۈمدارى شىرىپ خان ۋە قۇمۇل ھۆكۈمدارى يولۋاس
بەگلەرگە ھازىرچە قوراللىق بويسۇندۇرۇشقا كۈچى يەتمىگەنلىكتىن، ئۇلار بىلەن
سىياسىي جەھەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىچكى جەھەتتە مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ
قىلدى. ئۇلارمۇ شېڭ شىسەيگە تاقابىل تۇرغۇدەك كۈچى بولمىغانلىقتىن ئېغىزدە
ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.
لېكىن، شېڭ شىسەي ھەرخىل ھىيلە – مىكىر ئىشلىتىپ، يوشۇرۇن سۇيىقەست
پىلانلاپ، مەھمۇد سىجاڭ، يولۋاس بەگ ۋە شىرىپ خانلارنىڭ مىللىي كۈچلىرىنى
ئاستا – ئاستا ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىش بىلەن ئۇلارنى
يوقىتىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن مىللىي كۈچلىرىنى
ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش پىلانىنى قۇرۇپ پائالىيەتلىرىنى باشلىدى. شېڭ شىسەينىڭ
مەھمۇد سىجاڭ ئۈچۈن قۇرغان ھىيلە – مىكىرلىرىدىن بىرئاز سۆزلەپ ئۆتىمەن:
شېڭ
شىسەي ئالدى بىلەن مەھمۇد سىجاڭنىڭ قول ئاستىدىكى ھەربىي ئەمەلدارلارنى
بىردىن، ئىككىدىن ئۈرۈمچىگە چاقىردى. ئۇلارغا كۆپ مىقداردا پۇل ۋە يۇقىرى
مەنسەپ بېرىشنى ۋەدە قىلىپ، مەھمۇد سىجاڭغا دۈشمەن قىلىشقا باشلىدى. بۇ
ۋىجدانسىزلاردىن بىر قىسمى ئۈرۈمچىدىن كېلىپلا مەھمۇد سىجاڭغا سۇيىقەست
پىلانلاپ، دۈشمەنلىك قىلىشقا باشلىدى. ئەمما، بەزى ۋەتەنپەرۋەر ھېسسىياتى
بار كىشىلەر شېڭ شىسەيگە ئالدانماي مەھمۇد سىجاڭغا سادىق قالدى. بۇلاردىن
باشقا شېڭ شىسەينىڭ يەنە مەھمۇد سىجاڭغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىككى
يۈزلىمىلىك ۋە ھىيلىگەرلىك قىلمىشلىرى كۆپ.
مەھمۇد سىجاڭ ھىندىستانغا ھىجرەت قىلىش ئالدىدىكى ئۈچ يىلغا يېقىن بىر
زاماندا ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قالدى ۋە مۇمكىن قەدەر نوپۇزىنى ئىشلىتىپ،
قەشقەردە مىللىي مائارىپنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە كوممۇنىستىك تەشۋىقاتنىڭ راۋاج
تاپماسلىقى ئۈچۈن تەقدىرلەشكە لايىق تارىخىي ئىشلارنى قىلدى.
شېڭ
شىسەينىڭ يولۋاس بەگ ۋە شىرىپ خانلار ئۈچۈن تۈزگەن ھىيلە – مىكىر ۋە
يوشۇرۇن سۈيقەستلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى بىلمەيمىز. ئەمما، مەھمۇد سىجاڭغا
قىلغاندىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ
ئىگىلەپ تۇرغان جۇغراپىيىلىك ئورنىمۇ بۇنى تەستىقلاشقا كۇپايە قىلىدۇ.
ما
خۇسەن شېڭ شىسەي بىلەن ئاشكارا دۈشمەنلىشىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، شېڭ شىسەي
ئۇنىڭغىمۇ ئەلچى ئەۋەتىپ بىرلىشىشكە تەكلىپ قىلغان. دەسلەپتە ما خۇسەن رەت
قىلغانىدى. لېكىن، كېيىنچە رۇسلارغا سىغىنغان ما جۇڭيىڭ رۇسلارنىڭ
مەجبۇرلىشى بىلەن ما خۇسەنگە خەت يېزىپ ۋە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ تەكلىپنى
قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلدى. ما جۇڭيىڭ بۇ ۋاسىتە بىلەن رۇسلارنىڭ قولىدىن
قۇتۇلۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلغان بولسا كېرەك. ئاخىرى، ما خۇسەن 1936 – يىلى 5
– يا 6 – ئايلاردا ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن شېڭ شىسەي، ما خۇسەننى 36 – دىۋىزىيەنىڭ قوماندانى قىلىپ
تەيىنلەپ «سىجاڭ» ئۇنۋانى بىلەن خوتەننىڭ ھۆكۈمدارى دەپ تونۇدى.
ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، شېڭ شىسەي خوتەنگە بىر چىنلىق
كوممۇنىستنى دوتەي قىلىپ ئەۋەتتى. ما خۇسەن ما جۇڭيىڭنىڭ تەلىپى ئۈچۈن
بۇنىمۇ قوبۇل قىلىپ، مىلىك مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمنى دوتەيلىكتىن
ئېلىۋېتىپ، مەزكۇر چىنلىقنى دوتەي قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاستا – ئاستا
رۇس بولشىۋىك ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىپ، باشقا ۋىلايەتلەردە ئىجرا
قىلىنىۋاتقان ئىشلارنى خوتەندىمۇ ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. مەسىلەن، گ. پ. ئو
( چىنچە بو ئەن جۈي) يەنى خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنى قۇرۇپ جاللاتلىق
پائالىيەتلىرىنى باشلىدى. خەلقنىڭ بېشىدىكى تۇڭگان زۇلمىنىڭ ئۈستىگە يەنە
بۇ خىل زۇلۇم ۋە قىيىنچىلىقلار ياغدى. تىجارەت پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقى
بىلەن بولۇپ، ھىندىستان ۋە ئافغانىستان بىلەن بولغان تىجارەت مەنئىي
قىلىندى.
ما
خۇسەن ئون ئايغىچە تىرىشىپ باققان بولسىمۇ، ما جۇڭيىڭنى رۇسلارنىڭ قولىدىن
قۇتقۇزالمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ما خۇسەن ئاستا – ئاستا شېڭ شىسەيگە قىلغان
يۇقىرىقىدەك خوشامەتچىلىكلىرىنى تاشلاپ دۈشمەنلىك قىلىشقا باشلىدى.
بۇ
ئارىدا خوجىنىياز ھاجى ۋە شېڭ شىسەي، مەھمۇد سىجاڭنى ھەدەپ ئۈرۈمچىگە كەل
دەپ قىستاشقا باشلىدى. مەھمۇد سىجاڭ، بۇ چاقىرىشلارنىڭ ئۇنىڭ جېنىغا
قىلىنغان سۇيىقەست ئىكەنلىكىنى سېزىپ قالدى ۋە ھەر قېتىمدا بىر باھانە
كۆرسىتىپ، ئۈرۈمچىگە بېرىشنى كەينىگە تارتىپ تۇردى. 1937 – يىلى ئەتىيازدىن
باشلاپ، قەشقەردە مەھمۇد سىجاڭ ھەرخىل بېسىمغا ئۇچرىغىلى تۇردى. بۇ
ۋەزىيەتتە مەھمۇد سىجاڭنىڭ ئالدىدا شۇ ئىككى يول قالغانىدى: بىرى، ما خۇسەن
بىلەن بىرلىشىش؛ ئىككىنچىسى، چەتئەلگە ھىجرەت قىلىش.
مەھمۇد سىجاڭنىڭ ما خۇسەن بىلەن بىرلىشىپ، شېڭ شىسەيگە قارشى ئۇرۇش قىلىشى
ئوڭاي ئىدى. ئىككىسى بىرلىشىپ شېڭ شىسەينى مەغلۇپ قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.
لېكىن، شېڭ شىسەينىڭ ئارقا تىرىكى بولغان كۈچلۈك دۆلەتنىڭ، شېڭ شىسەيگە
قولىدىن كېلىدىغان ياردەمنى ئايىمايدىغانلىقىنى مەھمۇد سىجاڭ ياخشى
بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ما خۇسەن بىلەن بىرلىشىشىنىڭ يۇرتقا دەھشەتلىك
قىرغىنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقى جەزمەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، مەھمۇد سىجاڭ
ما خۇسەن بىلەن بىرلىشىش يولىنى تاللىمىدى. 1937 – يىلى 4 – ئايدا، قەشقەر
ۋە يەركەندىكى ئەسكەرلىرىگە ئىشەنچلىك كىشىلىرىنى تەيىن قىلىپ قويۇپ،
دۈشمەنگە سەزدۈرمەي ئۆزى ئازغىنە ئادەملىرى بىلەن يەركەن – كۆكيار يولى
بىلەن ھىندىستانغا قاراپ ماڭدى.
مەھمۇد سىجاڭ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قوماندانلىرىدىن ئابدۇنىياز
بەگ، ما خۇسەن بىلەن بىرلىشىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، 1937 – يىلى 4 – ئايدا
شېڭ شىسەيگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىپ يەركەننى ئالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن،
قەشقەر كونا شەھەرنى ئېلىپ دۈشمەننى يېڭىشەھەرگە مۇھاسىرە قىلدى. يېتىپ
كېلىۋاتقان كوممۇنىست خەتىرىنى ۋە قانلىق قىرغىنچىلىقلارنى ئۆز كۆزى بىلەن
كۆرگەن خەلق بۇ ئۇرۇشقا ناھايىتى قىزغىنلىق ۋە پىداكارلىق بىلەن قاتناشتى.
ما خۇسەن ئابدۇنىياز بەگنى تۈرك ئەسكەرلىرى بىلەن مارالبېشىغا ئەۋەتىپ،
ئۆزى تۇڭگان ئەسكەرلىرى بىلەن يېڭىشەھەرنى مۇھاسىرە قىلدى.
ما
خۇسەن قاتتىق تۇرۇپ شىددەت بىلەن مۇھاسىرە قىلغان بولسا يېڭىشەھەرنى ئېلىشى
مۇمكىن ئىدى. چۈنكى، قەشقەرگە ۋالىي ۋە قوماندان بولغان چىنلىق ئۈرۈمچىگە
قېچىپ كەتكەنىدى. يېڭىشەھەردىكى كۈچىمۇ ئاز ئىدى. لېكىن، ئاچكۆز تۇڭگان
قوماندانلىرى دۈشمەندىن كۆپ مىقداردا پارا ئېلىپ، ما خۇسەننىڭ يېڭىشەھەرنى
ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىگە ھەرخىل باھانىلەرنى ئويدۇرۇپ
چىقىپ توسقۇنلۇق قىلدى. ئەمما، ئابدۇنىياز بەگ بولسا بارغانلا جايدا
دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىپ، ئاقسۇ ۋە كۇچانى قولغا ئالدى ۋە قاراشەھەرگە يېتىپ
كەلدى.
قەشقەر يېڭىشەھەردە ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتقانلىقى، شېڭ شىسەينىڭ ئارقا تىرىكى
بولغان دۈشمەنگە دەلىل بولۇپ بەردى. ئۇلار « بىزگە چىن ھۆكۈمىتىدىن رۇخسەت
كەلدى. قەشقەرنىڭ تىنچلىقىنى قوغداشقا ياردەم بېرىمىز » دەپ، 1937 – يىلى 8
– ئايدا قاراقول تەرىپىدىن بىدىل داۋىنى ئارقىلىق رۇس، قازاق ۋە
قىرغىزلاردىن تەركىب تاپقان 5000 كىشىلىك قوشۇن شەرقىي تۈركىستانغا كىردى.
ئۇلار ئۈچتۇرپان ۋە ئاقسۇغا كىرمەي يامانسۇغا كېلىپ، باشقا بىر يولدىن
مارالبېشىغا كەلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئارتبېشى يولىدىن 200 ماشىنا بىلەن
رۇس ئەسكەرلىرى ئاتۇشقا كىردى. نەتىجىدە، ما خۇسەن بىلەن ئابدۇنىياز بەگنىڭ
ئارىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. رۇس ئايروپىلانلىرى قەشقەر ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرۈپ،
بەزى يەرلەرگە تەشۋىق ۋاراقلىرى بەزى يەرلەرگە بومبا تاشلىدى. بۇنى كۆرگەن
ما خۇسەن ئەسكەرلىرى بىلەن ئالاقزادە بولۇپ قېچىپ، يېڭىسارغا كەلدى.
ئايروپىلان يېڭى سارنىمۇ بومباردىمان قىلىپ، خەلق ۋە تۇڭگانلاردىن بىر
قانچىسىنى ئۆلتۈردى. ما خۇسەن ئۇ يەردىن قېچىپ يەركەنگىمۇ بارالماي تاغ
يولى بىلەن ھىندىستانغا قاچتى. ما خۇسەن 1937 – يىلى 9 – ئايدا لاداخقا
كەلدى ۋە 3 – 4 كۈندىن كېيىن مىلىك مەھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنمۇ لاداخقا
كەلدى.
ئابدۇنىياز بەگ كوچا ئەتراپىدا دۈشمەنگە قارشى قاتتىق ئۇرۇش قىلدى.
ئاخىرىدا مەغلۇپ بولدى ۋە ئەسكەرلىرى چېچىلىپ كەتتى. بۇ مىللىي قەھرىماننىڭ
ئاقىۋىتى ھەققىدە بۈگۈنگىچە ھېچبىر خەۋەر چىقمىدى. ما خۇسەنگە ئەگىشىپ
ھىندىستانغا قاچقانلاردىن باشقا تۇڭگانلار خوتەنگە قاچتى. 1937 – يىلى شېڭ
شىسەي ئەسكەرلىرى خوتەنگە يۈرۈش قىلىپ، تۇڭگانلارنى ئۇچرىغان يەردە ھاۋادىن
بومبا تاشلاپ، يەردىن پىيادە قىسىملىرى قوغلاپ يۈرۈپ پاجىئەلىك شەكىلدە
قىرغىن قىلدى. ئېشىپ قالغان ئاز بىر قىسمى چارقىلىق يولى بىلەن گەنسۇغا
قاچتى. ئۇلارمۇ پايانسىز چۆلدە سۇسىزلىقتىن ئۆلدى. بەلكى يۈزدىن بىرسى
گەنسۇغا بارالىغان بولىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن 1937 – يىلى 10 – ئايدا
پۈتۈن ئالتى شەھەر شېڭ شىسەينىڭ ئىستېلاسى ئاستىدا قالدى.
ئابدۇنىياز بەگ ما خۇسەن بىلەن بىرلىشىپ، شېڭ شىسەيگە قارشى قوزغالغان
كۈنلەردە، شېڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى (فۇ جۇشى) خوجىنىياز ھاجى شەرقىي
تۈركىستاندىكى پۈتۈن مىللىي كۈچلەرنى يوقىتىشنى قارار قىلىپ، ئالتايدىكى
شىرىپ خان ۋە قۇمۇلدىكى يولۋاس بەگلەرنى ئەسكىرىي كۈچ بىلەن مەغلۇپ قىلىپ،
ئالتاي ۋە قۇمۇلنى ئىشغال قىلدى. ئەپسۇسكى، بۇ جەرياندىكى ۋەقەلەرنىڭ
تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇماتىمىز يوق.
يولۋاس بەگ 5 – ئايدا بىر قىسىم ئادەملىرىنى ئېلىپ، قۇمۇلنىڭ شەرقىدىكى
خوتونتام دېگەن جايغا كەلگەن. 6 -، 7 – ئايلاردا ئۇ يەردىن قېچىپ، چىڭخەيگە
بارغان. چىڭخەيدە ئىككى ئاي تۇرۇپ ئۇ يەردىن خاڭكۇغا بېرىپ، چىن باش
قوماندانى جىياڭكەيشى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا
ئېرىشكەن. يولۋاس بەگ ھازىر چۇڭچىڭدا ئېتىبارلىق ھايات كەچۈرمەكتە. شىرىپ
خاننىڭ ئاقىۋىتىدىن خەۋىرىم يوق. ئالتايدىكى مىللىي ئىنقىلابچى قازاق
رەھبەرلىرىدىن ئىلىسخان، ئادى بەگ ۋە زايىف بەگلەر 645 ئۆيلۈك ئادىمى بىلەن
ئالتايدىن قېچىپ، غەربىي موغۇلىستان بىلەن يۈرۈپ گەنسۇنىڭ يۇرخۇن تېغىدىكى
يايلاقلارغا بېرىپ يەرلەشتى.
22 –
پەسىل
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي ئەھۋالى
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى
قوماندانلىرى ئىچىدە زامانىۋى ھەربىي تەلىم – تەربىيە كۆرگەن ۋە ئۇرۇش
تەجرىبىسى بار كىشىلەر يوقتى. بۇ سەۋەبتىن ئەسكەرلەرنىڭمۇ ئۇرۇش تەلىماتى
ياكى تەجرىبىسىدىن خەۋەردار ئەمەسلىكى تەبىئىي ئەھۋال. شۇنداق بولسىمۇ
مىللىي ئىنقىلابچىلارنىڭ ھەربىي جەھەتتە بىر – بىرىدىن كۆپ پەرقلىرى بار
ئىدى. تۆۋەندە بۇ پەرقلەرنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتىمەن:
خوجىنىياز ھاجى قۇمۇل تاغلىرىدىكى ۋاقتىدا چىن ئەسكەرلىرى بىلەن
مۇۋەپپىقىيەتلىك مۇداپىئە ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندا شۆھرەت
تاپتى. چۈنكى، ئۇ يەردىكى ئەسكەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى تاغلىق رايوننىڭ
ئويمان – چوڭقۇرىنى ياخشى بىلىدىغان ئوۋچىلاردىن تەركىب تاپقانىدى. دۈشمەن
ئۇ جايلارنىڭ يەر شارائىتى ۋە باشقا ئەمەلىي ئەھۋالىدىن تامامەن خەۋەرسىز
ئىدى. خوجىنىياز ھاجى تاغلىق رايوننىڭ تەبىئىي ئىستىھكاملىق شارائىتىدىن
پايدىلىنىپ، كەلگەن دۈشمەننى تاغ ۋە ئورمان ئارىسىدىن ئۇشتۇمتۇت ئوققا
تۇتۇپ، تاغ جىلغىلىرىدا ۋە جاڭگال باياۋانلاردا ئېزىقتۇرۇپ يۈرۈپ، غەيرىي
مۇنتىزىم باسقۇنلار بىلەن مەغلۇپ قىلغانىدى. بۇ غەلىبىلەر ئەسكەرلەرنىڭ
مەنىۋى كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دۈشمەنگە دەھشەت سالغانىدى. مانا بۇ
رۇھ بىلەن تۇرپان ۋە جىمسار ئۇرۇشلىرىدا دۈشمەننى مەغلۇپ قىلدى. كېيىنچە،
ئەسكەرلەر ئىنتىزامسىزلىق تۈپەيلىدىن، ھەربىي تەلىم – تەربىيە كۆرگەن
مۇنتىزىم دۈشمەن قوشۇنلىرى ئالدىدا بۆرىنىڭ ئالدىدىكى قويدەك ئاجىز بولۇپ
قالدى. ئەمما، خوجىنىياز ھاجى بۇ تەجرىبىلەردىن ساۋاق ئالمىدى ۋە
ئەسكەرلەرنى تەرتىپ – ئىنتىزام ئاستىغا ئېلىش پىكرىنى قوبۇل قىلمىدى.
ئەگەر، بۇ پىكىرنى قوبۇل قىلىپ، ئەسكەرلەرنى تەرتىپ – ئىنتىزامغا كىرگۈزگەن
بولسا ئىدى ئۇلار ھەرقانداق دۈشمەننى مەغلۇپ قىلالىغۇدەك ئىمكانىيەتكە ئىگە
ئىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتلىق بولۇپ، قوللىرىدا زامانىۋى مىلتىق ۋە
پىلىموت بار ئىدى. ئوق – دورىلىرىمۇ يەتەرلىك بولۇپ، سان جەھەتتىنمۇ
دۈشمەنلىرىنىڭكىدىن ئاز ئەمەستى. قارايۇلغۇن ئۇرۇشىدىن قېچىپ، خوتەنگە
كەلگەن خوجىنىياز ھاجىنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرسى بۇ ئەھۋالدىن شىكايەت
قىلىپ، ماڭا مۇنداق دېگەن: «بىز قارايۇلغۇن ئۇرۇشىدا تۇڭگانلار بىلەن 18
قېتىم ئۇرۇشتۇق ۋە ھەممىسىدە مەغلۇپ بولۇپ قاچتۇق. پەقەت، قاراشەھەر،
ئۇششاقتال ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلدۇق. بۇ غالىبىيەتنىڭ سەۋەبى، ئىككى تەرەپتىن
كەلگەن دۈشمەن قورشاۋىدا قېلىپ، بەكرەك غەيرەت قىلىشقا مەجبۇر
بولغانلىقىمىز ئىدى».
خوجىنىياز ھاجى ئەسكەرگە، قوماندانلىرىغا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشقا خادىملىرىغا
مۇنتىزىم ئايلىق بەرمەيتتى. پەقەت بەزىدە بىر مىقدار پۇل بېرەتتى. شۇنىڭ
ئۈچۈن، ئەسكەرلەر خەلقتىن ئېلىپ ياكى قوراللىرىنى سېتىپ جان باقاتتى. بۇ
جىنايىتى ئۈچۈن ئەسكەرلەر جازالانمايتتى. مانا بۇ ئەھۋاللار ئەسكەرلەر
ئىچىدىكى ئىنتىزامسىزلىقتىن باشقا ئۇلارنىڭ مەنىۋى ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن
بۇزۇلۇشقا ۋە خەلقنىڭ بۇ ئەسكەرلەردىن يىراقلىششىغا سەۋەب بولدى.
خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قوماندانلىرىمۇ خوجىنىياز ھاجىنىڭكىگە ئوخشاش ئەسكىرىي
تەلىم – تەربىيە ئالمىغان كىشىلەردىن ئىدى. ئەمما، خوتەن ھۆكۈمىتى
ئىنقىلابنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ، ئەسكەرلىرىنى مۇمكىنقەدەر توغرا بىر
ھەربىي تەرتىپ – ئىنتىزام ئاستىغا ئېلىش ۋە خەلقنىڭ ئاسايىشىغا دەخلى
قىلماسلىق ئۈچۈن، ئەسكەر ۋە قوماندانلارنىڭ مۇنتىزىم بىر قانۇنغا رىئايە
قىلىشىغا كۆپ ئەھمىيەت بەرگەنىدى. بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە خوتەن ئەسكەرلىرى
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ ئىنتىزامچان، ئىتائەتكار ۋە قانۇن – ئىنتىزامغا
رىئايە قىلىدىغان ئەسكەرلىرى بولۇپ قالدى. كېيىنچە ھەربىي – تەلىم تەربىيە
كۆرگەن بەزى كىشىلەرنى تېپىپ، خوتەن ئەسكەرلىرىنى تەربىيىلەشكە مەسئۇل
قىلغانىدۇق. بۇنىڭ بىلەن خوتەن قىسىملىرى ئەسكىرىي تۈزۈم جەھەتتىن خېلى
تەرەققىي قىلدى. نەتىجىدە، خوتەن ئەسكەرلىرى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئەڭ كۆپ
پائالىيەت كۆرسىتىدىغان قىسىم بولدى. لېكىن، خوتەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئىنتىزام
تەربىيىسى جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ مۇنداق ئىككى ئېغىر يېتەرسىزلىكى
بار ئىدى. 1 – قوماندانلىرىنىڭ ھەممىسى زامانغا لايىق ئۇرۇش تەجرىبىسى يوق
بولۇپ، پەقەت ئۇرۇشلاردا غەيرەت كۆرسىتىدىغان كىشىلەردىن ئىبارەت ئىدى. 2 –
خوتەن ئەسكەرلىرىنىڭ قولىدىكى قورال باشقا مىللىي ئىنقىلابچىلارنىڭكىدىن
ناچار ئىدى. 12000 كىشىلىك خوتەن قوشۇنىنىڭ قولىدا ئاران 1000 دانە مىلتىق
بار ئىدى. ئوق – دورا ۋە باشقا ئەسكىرىي لاۋازىماتلىرىمۇ يوق دېگۈدەك ئاز
ئىدى. مۇتلەق كۆپچىلىك ئەسكەر قىلىچ، نەيزە ۋە چۇماق بىلەن قوراللانغانىدى.
مانا شۇنداق، زاماننىڭ ئەڭ ناچار قورالى بىلەن قوراللانغان ئەسكەرلەرنىڭ
زامانىمىزدىكى ئىستىھكام ئۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلىشى
تەبىئىيدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، خوتەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى
دائىم ھۇجۇم ۋە باسقۇن شەكىلدە بولاتتى. قارشىسىدىكى دۈشمەن بولسا ئەڭ يېڭى
مىلتىق، پىلىموت ۋە زامانىۋى توپلار بىلەن قوراللانغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن،
مەيلى غەلىبىدە بولسۇن ۋەيا مەغلۇبىيەتتە بولسۇن ئۇرۇشتا دۈشمەندىن كۆپ
چىقىمغا ئۇچرايتتى. خوتەن ئەسكەرلىرى پىيادە، ئاتلىق ۋە توپچىدىن ئىبارەت
ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقانىدى. بىزنىڭ 20 دانە توپىمىز بار ئىدى. بۇلاردىن
ئاران ئىككىسى زامانىۋى توپ، قالغانلىرى ھارۋا چاقلىرىغا بېكىتىلگەن
قەدىمكى زاماننىڭ مىس ۋە چويۇن توپلىرىدىن ئىدى.
قىسقىسى، خوتەن ئەسكەرلىرىنىڭ لوپ كۆلى ۋە چىڭخەي چېگرىسىدىن باشلاپ،
قەشقەر چېگرىسىغىچە بولغان جايلاردا قولغا كەلتۈرگەن پەتىھلىرى ئۇلارنىڭ
ئىنتىزامچانلىقى، ئالغان تەربىيىسى ۋە غەيرىتىنىڭ نەتىجىسى بولغىنىدەك،
ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيىتى قورال يېتەرسىزلىكىدىن، قوماندانلىرىنىڭ تەجرىبىسىز
ۋە زامانىۋى ھەربىي ئىلىمدىن خەۋەرسىز بولغانلىقلىرىدىن كېلىپ چىقتى.
تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرى تۇڭگانلاردىن بىر ئاز ھەربىي تەلىم – تەربىيە
ئالغان بولسىمۇ، ئىنتىزامسىزلىقتا خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن
ئوخشاش ئىدى. قىرغىز ۋە ئۆزبېك ئەسكەرلىرى دۇنيا ئومۇمىي ئۇرۇشىدىن كېيىنكى
پەرغانە «باسمىچىلىرى»نىڭ يولىدا بولۇپ، تەرتىپسىز تۇيۇقسىز ھۇجۇم ۋە «ئۇر
– قاچ»تا بىر ئاز ئۇستا بولسىمۇ، مەيدان ئۇرۇشى ۋە مۇھاسىرە ئىشلىرىدا
كارغا كەلمەيتتى. ئالتايدىكى قازاق ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئەسكەرلىرى ۋە قۇمۇل
ئەسكەرلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇماتىمىز يوق. ئەمما، ئۇلارنىڭمۇ مەيلى
قوماندانلىرى بولسۇن، مەيلى ئەسكەرلىرى بولسۇن، زامانىۋى ھەربىي تەلىم –
تەربىيە كۆرمىگەنلىكتىن ئۇلارنىڭ كۈچىمۇ، دۈشمەن كۈچىدىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى
بىلىمىز.
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ئەھۋالى مانا بۇ
ھالدا ئىدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بولغان چىنلىقلار ۋە تۇڭگانلارنىڭ
قوماندانلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چىندە ھەربىي تەلىم – تەربىيە ئالغان ۋە
ئۇرۇش تەجرىبىسى بار كىشىلەر ئىدى. ئەسكەرلىرىنى قاتتىق ئىنتىزام بىلەن
تەربىيىلەيتتى. قوراللىرىمۇ پۈتۈن مىللىي ئىنقىلابچىلارنىڭكىدەك مۇكەممەل
ئىدى.
ئىچكى سىياسىي ۋەزىيەت
خوجىنىياز ھاجى ۋە مەھمۇد سىجاڭلارنىڭ ئىچكى سىياسىتى ئىنتايىن خاتا
ئاساسقا قۇرۇلغانىدى. چۈنكى، ئۇلار ئىنقىلابنىڭ ئەسلى مەقسىتى بولغان
خەلقنىڭ ئاسايىشىغا ئەھمىيەت بەرمەيتتى. مالىيە، مائارىب ۋە ئەدلىيە
ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىدى. ئەسكەر
لاۋازىماتى، ئوزۇق – تۈلۈك ۋە باشقا نەرسىلەر ئۈچۈن دۆلەت خەزىنىسىدىن پۇل
چىقىرىپ چىقىم قىلىدىغان ئىش يوق ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقتىن ئېلىنغان
ئالۋان – سېلىق يولى بىلەن قامدىلاتتى.
خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئىچكى سىياسىتىدىكى ئەڭ يامان تەرىپى، شەرقىي
تۈركىستاندىكى ھەر قانداق ئىمتىياز ۋە خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى لايىق بولسۇن
بولمىسۇن قۇمۇللۇق ۋە تۇرپانلىقلارغا بېرىش بىلەن باشقا ئىنقىلابچىلارنى
ئاستا – ئاستا سىقىپ چىقىرىش يولىنى تۇتقانلىقى ئىدى. خوجىنىياز ھاجى بۇ
سىياسىتىنى مۇمكىنقەدەر مەخپىي تۇتۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ ئۇنىڭدا داھىيلىق
سۈپەت بولمىغانلىقتىن بۇ سىرىنى دەرھاللا خەلققە بىلدۈرۈپ قويغانىدى.
خوجىنىياز ھاجى تەرىپىدىن يۇرتقا تەيىن قىلىنغان ھاكىم ۋە ۋالىيلارغا
بەلگىلەپ بېرىلگەن ھېچقانداق خىزمەت نىزامنامىسى ياكى رىئايە قىلىشقا
تېگىشلىك قانۇن يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت خەلقتىن ئالۋان – سېلىق
ۋە ئوزۇق – تۈلۈك يىغىپ، خوجىنىياز ھاجىغا بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى.
ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا ياكى بۇرۇنقى چىنلىق مەنسەپدارلارنىڭ يولى بىلەن
ئىش ئېلىپ باراتتى.
خوتەن ھۆكۈمىتى ئىچكى سىياسەتتە خېلى ياخشى ۋە تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغان يول
تۇتقانىدى. ھەممىدىن خەلقنىڭ ئاسايىشىغا ئەھمىيەت بېرەتتى. ئەسكەر ۋە
مەمۇرىي خادىملىرىغا يېتەرلىك مىقداردا مۇنتىزىم ئايلىق بېرىلەتتى.
ئەسكىرىي لاۋازىماتنى ۋە باشقا لازىملىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بازار
باھاسىدا سېتىۋالاتتى. پەقەت ھۆكۈمەت مەجبۇرىي بولۇپ قېلىپ، بىر ـ ئىككى
قېتىم ئات – ئۇلاغنىڭ يەل – خەشىكىنى خەلقتىن مۇۋاپىق قانۇن ئاساسىدا
يىغىۋالغانىدى. غەزىنە ئىقتىسادى يېتىشمەي قالغاندا يۇرتتىكى بايلاردىن
قەرز ئېلىپ، بۇ قەرزنى ئۆز ۋاقتىدا تۆلىگەنىدى. يۇرتتىكى مالىيە ئىشلىرى
ئادالەت بىلەن يۈرگۈزۈلۈپ، مۇمكىن بولغان ھەر شەھەردە بىردىن مەكتەپ ئېچىپ،
مائارىب ئىشلىرىنىمۇ ئوبدان يولغا قويغانىدى. ئەدلىيە ئىشلىرىنى ئىسلام
شەرىئەتىگە ئۇيغۇن قىلىپ ئېلىپ باردى. ۋالىي ۋە ھاكىملارغا قانۇننامە
(قوللانما) تارقىتىپ بېرىلىپ، خىزمەتلىرىدە بۇنىڭغا ئەمەل قىلىش تەلەپ
قىلىندى. بۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى ھەر دائىم ئاشكارا ۋە مەخپىي ھالدا
تەكشۈرۈپ تۇردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، باشقا ۋىلايەت خەلقلىرى خوتەنگە تەۋە بولۇش
ئارزۇلىرىنى بىلدۈرمەكتە ئىدى120. بۇ سۆزلەر، خوتەن ھۆكۈمىتىنى دۇنياغا
ياخشى كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىنغان سۆز ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن
ئىبارەت تارىخچىلىق ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇر. بۇ ۋەقەلەرنى ۋە شۇ چاغدىكى
ۋەزىيەتنى بىلىدىغان ۋەتەنداشلار بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە بار. ھەقىقەتنى
سۆزلەش ۋە ۋىجدانلىق كىشىنىڭ ئىختىيارىدىكى بىر ئەركىنلىكتۇر.
تاشقى سىياسىي ۋەزىيەت
تاشقى سىياسەت مەسىلىسىدە، مىللىي ئىنقىلابچىلار ئارىسىدا خېلى چوڭ
ئىختىلاپ بار ئىدى. چۈنكى، خوجىنىياز ھاجى ۋە مەھمۇد سىجاڭلار، ئۆزلىرىنى
ھەددىدىن ئارتۇق دەرىجىدە چىن ھۆكۈمىتىگە تەۋە قىلىپ كۆرسەتمەكتە ئىدى.
پۈتۈن ئەسكىرىي ۋە مەمۇرىي مەنسەپدارلىرىنىڭ ئىسمى چىنچە ئىدى. ئۇلارنىڭ
بايرىقىمۇ چىن بايرىقى ئىدى. يەر بېجى ۋە تىجارەت بېجى قاتارلىق باجلارنىڭ
ھەممىسى بۇرۇنقى چىن ئۇسۇلىدا ئېلىناتتى. ئىنقىلاب غەلىبە قىلغان چاغدىمۇ،
شەرقىي تۈركىستاننى چىن ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرلىرى سۈپىتىدە
باشقۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلماقتا ئىدى. خوجىنىياز ھاجى چەت ئەللەردىن
پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەنلا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئۇ دۆلەت تەلەپ
قىلغان پۈتۈن ئىمتىيازلارنى بېرىپ، ئۇنىڭدىن قورال ۋە باشقا كېرەكلىك
نەرسىلەرنى ئېلىش سىياسىتىنى قوللانغانىدى. باشقا ئىنقىلابچىلار ئۇنىڭ بۇ
سىياسىتىگە قارشى چىققاندا، ئۇ: «بۇ سىياسىتىمىز ۋاقىتلىق بىر سىياسەت،
ھازىرچە قورالغا ئېھتىياجىمىز بار. شۇڭا رۇسلار نېمە دېسە ماقۇل دەپ قوبۇل
قىلىمىز. ئىنقىلابىمىز غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، رۇسلارغا بەرگەن
ئىمتىيازلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز» دېگەنگە ئوخشاش مەنتىقسىز دەلىللەرنى
كۆرسىتەتتى.
خوتەن ھۆكۈمىتى ئىنقىلاب غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، چىن ھۆكۈمىتى بىلەن
سىياسىي يول ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش تەرەپتارى
ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، پۈتۈن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئىدارە تەشكىلاتىنى تولۇق
مىللىيلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن تەرتىپكە سېلىش پىكرىدە چىڭ تۇرغانىدى ۋە مۇمكىن
قەدەر بۇ پىكىرنى ئەمەلىيلەشتۈردى. چەت ئەللەردىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ
شەرقىي تۈركىستانغا كۆز تىكىپ تۇرغانلىقى پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولغان بىر
ھەقىقەت ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خوتەن ھۆكۈمىتى مەزكۇر دۆلەت بىلەن بۇرۇندىن
مەۋجۇد بولۇپ كەلگەن تىجارىي مۇناسىۋەتنىلا بۇرۇنقى شەكلى بىلەن تۇتقاندىن
باشقا يەنە ئىمتىياز بېرىلگەندە، ئۇ شەرقىي تۈركىستانغا تىرنىقىنى تېخىمۇ
چوڭقۇر پاتۇرۇۋالىدۇ، دېگەن كۆز قاراشتا ئىدى.
ئەنگلىيە ۋە ئافغانىستان دۆلەتلىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە پۈتۈنلەي
بىتەرەپلىك سىياسىتىنى تۇتقان بولسىمۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان
بىلەن ھېچبىر ئالاقىسى يوق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خوتەن ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى
دۆلەت بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت پەيدا قىلىش ۋە كېيىنچە بولسىمۇ بۇلاردىن
پايدىلىنىشنىڭ ھېچبىر زىيىنى يوق دەپ قارايتتى.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر مەملىكەتتە قوزغالغان مىللىي ئىنقىلابنىڭ
مۇۋەپپىقىيىتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىل، ئىنقىلاب
يولباشچىلىرىنىڭ ھەربىي ئىشلارنى، ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلەرنى توغرا بىر
ئاساس ئۈستىگە بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەمەلىي ئەھۋالى يۇقىرىدا
سۆزلەپ ئۆتۈلدى. ھەرقانداق بىر كىشى بىتەرەپ ۋە ھەققانىي مەيداندا تۇرۇپ،
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنى، ئۇنىڭ يولباشچىلىرىنى ۋە ئىنقىلابنىڭ
ئاخىرقى يامان ئاقىۋىتىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىكى باھا، تەھلىل ۋە كۆز
قاراشلىرىنى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتۈلگەنلەر ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرسا ئۆز جايىنى
تاپقان بولىدۇ.
23 –
پەسىل
شېڭ
شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيىتى
شېڭ
شىسەي ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا يۈرۈتۈۋاتقان ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيىتى پۈتۈن
دۇنياغا مەلۇم. لېكىن، ئۇنىڭ رەسمىي بىر چىن ئەمەلدارى ئىكەنلىكىگە قاراپ
ياكى ئۇنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئالدىنىپ، ئۇنىڭ ھاكىمىيەت ئۇسۇلى ۋە ماھىيىتىنى
چۈشەنمىگەن كىشىلەرنىمۇ كۆرۈۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە بىرئاز توختىلىپ
ئۆتۈشنى لازىم كۆردۈم:
شېڭ
شىسەي ھۆكۈمەتنى قولغا ئالغان كۈندىن باشلاپ، ئاستا – ئاستا پۈتۈن ئىدارىي
ئىشلارنى سوۋېت ئۇسۇلى بويىچە يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. سوۋېتلار ئۇنىڭ بۇ
خىزمىتى بەدىلىگە ئۇنىڭغا قورال – ياراغ، ئايروپىلان، ئەسكەر ۋە باشقا
مۇھىم ھەربىي لاۋازىماتلارنى بەردى. شېڭ شىسەي بۇ ياردەملەر بىلەن شەرقىي
تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابچىلىرىنى باستۇردى ۋە يۇرتنى بېسىۋالدى. مەمۇرىي،
ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ئىشلارنى كوممۇنىستىك تۈزۈم بويىچە ئېلىپ بېرىش ۋە
بۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى بىر رۇس مۇستەملىكىسىگە
ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن نۇرغۇن «مەسلىھەتچى»لەرنى ئېلىپ
كەلدى. مىڭلارچە رۇس ئەسكەرلىرىگە چىنچە ھەربىي كىيىم كىيدۈرۈپ شەھەرلەرگە
ئورۇنلاشتۇردى. خەلقنى ھەرخىل تۆھمەت بىلەن قارىلاپ ئۆلتۈردى ۋە تۈرمىگە
ئالدى. بۇنىڭ بىلەن خەلقنى روھىي جەھەتتە ۋەيران قىلدى. ئىنساننىڭ تەبىئىي
ھەققى بولغان دىن ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى، تىجارەت ۋە سانائەتتىكى
ئەركىنلىكى، ساھاھەت ئەركىنلىكى ۋە ئولتۇراقلىشىش ئەركىنلىكى قاتارلىق
ھەقلىرىنى يوقىتىپ، كوممۇنىزمنىڭ ئاسارەت زەنجىرىگە باغلىدى.
پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى رۇس بولشېۋىكلىرىنىڭ تۈركىستان خەلقىنى
بۆلۈپ تاشلىغان تۈرك دۈشمەنلىك سىياسىتى بويىچە ئون تۆت مىللەتكە ئايرىشقا
كىرىشتى. بۇ ئويدۇرما «ئون تۆت مىللەت» دېگىنى، كۆچمەن بۇتپەرەس چىنلىقلار،
كۆچمەن مۇسۇلمان چىن (تۇڭگان) لار ۋە رۇسىيەدىن كەلگەن رۇس كۆچمەنلىرىدىن
ئىبارەت ئەڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر
تۈرك مىللىتى بولغان خەلقلەرگە ھېچ تونۇش بولمىغان باشقا 11 نام ئويدۇرۇپ،
قۇراشتۇرۇپ ياساپ چىققان مىللەتلەردىن ئىبارەت ئىدى. بۇ ئويدۇرما «ئون تۆت
مىللەت»نىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن زورلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكىگە ئوخشاش تاتارچە
«ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» دېگەن تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ چىقتى. بۇنىڭدىن مەقسىتى،
شەرقىي تۈركىستاندا قەدىمدىن بىر تۇغقان ۋە بىر مىللەت بولۇپ، ناھايىتى
ئىناق ۋە بىرلىكتە ياشاپ كەلگەن تۈرك مىللىتىنى باشقا – باشقا يول ۋە
مەپكۇرىگە باشلاش بىلەن بىر – بىرىگە دۈشمەن قىلىپ، بۇلارنى ئاسارەت
زەنجىرىگە تېخىمۇ مەھكەم باغلاشتىن ئىبارەت ئىدى. چۈنكى، رۇسلار غەربىي
تۈركىستاندىكى پۈتۈن شىمالىي ئاسىيادىكى، كاۋكازىيەدىكى ۋە شەرقىي
ياۋروپادىكى تۈركلەرنى بۇ شەكىلدە پارچىلاپ، ئۇلارنىڭ قېنىنى
شوراۋاتقانلىقى كۆز ئالدىمىزدىدۇر.
شېڭ
شىسەي يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز ۋەتەنداشلىرىنى ۋە تۇغقانلىرىنى رۇس
جاللاتلىرىغا تۇتۇپ بېرىپ، جان باققان ۋىجدانسىزلاردىن مىڭلارچە كىشىنى
شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى كوممۇنىزمغا تەشۋىق قىلىش،
تارقىتىش ۋە جاسۇسلۇق خىزمىتىگە سالدى. چۈنكى، شەرقىي تۈركىستاندىن ئۇنداق
ۋەتەن ساتقۇچ خائىنلار چىقمىدى. ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ سۈزۈك زېھنىنى كۇممۇنىزم
بىلەن زەھەرلەش ئۈچۈن، مىڭلارچە مەكتەپ ئېچىپ ئۇلارنى مۇئەللىم قىلدى. شېڭ
شىسەي بۇ ئىشنى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇردۇم» دەپ
يۇرت ئىچىدە ۋە چىنىدە كەڭ تەشۋىق قىلدى. ئەمما، ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى بىلگەن
كىشى مائارىب نەدە، بۇ مەكتەپلەر نەدە ئېنىق كۆرەلەيدۇ. چۈنكى، ھازىر
شەرقىي تۈركىستاندا زامانىۋى پەن – بىلىملەر ئۈچۈن مۇئەللىملەر يوق ۋە
كىتابمۇ يوق. پەقەت شېڭ شىسەي ئېلىپ كەلگەن بىر قانچە ۋىجدانسىز
تەشۋىقاتچىلارنى مۇئەللىم دەپ مەسۇم بالىلارنىڭ بېشىغا مۇسەللەت قىلغانلىقى
بىزگە مەلۇم. بۇنىڭدىن باشقا شېڭ شىسەي شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن
تىجارىتىنى سوۋېتقا باغلىدى. نەتىجىدە يۇرتنىڭ ئىقتىسادى سوۋېتنىڭ قولىغا
ئۆتتى.
شېڭ
شىسەي، ئەينى زاماندا سوۋېت مەمۇرىي خادىمى بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى رۇس
بولشېۋىكلىرىنىڭ غەربىي تۈركىستاندىكى جاللاتلىق، يالغانچىلىق ۋە شەيتانلىق
ئۈستىگە قۇرۇلغان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئەينىدۇر. شېڭ شىسەي پەقەت ئاغزىدىلا چىن
جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە تەۋە. دېمەك شەرقىي تۈركىستان خەرىتىدىكى
سىزىقلاردىلا چىنغا تەۋە. چىن مەركىزى ھۆكۈمىتىمۇ قەدىمدىن تارتىپ
ئادەتلەنگەن قۇرۇق ئابرۇيپەرەسلىكىدىن شېڭ شىسەينى شەرقىي تۈركىستاننىڭ
ھۆكۈمدارى دەپ ئېتىراپ قىلىپ، ئون بەش مىليون خەلقنىڭ ھوقۇقى ۋە تەقدىرى
قۇربان قىلىنماقتادۇر.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، چىن – ياپون ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، چىن ھۆكۈمىتى سوۋېت
ئىتتىپاقىدىن ئالغان ئۇرۇش لاۋازىماتلىرىنى شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق
توشۇشقا مەجبۇر بولغانلىقتىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋە شېڭ شىسەيگە تېخىمۇ كۆپ
خۇشامەت قىلىپ، روسلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ
كېڭەيتىشكە يول قويماقتا. يەنى «ئۆچكە جان قايغۇسىدا، قاسساپ ياغ
قايغۇسىدا».
شېڭ
شىسەي كىم؟
شېڭ
شىسەي مانجۇرىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر چىنلىق. مانجۇرىيەدىكى چىنچە
مەكتەپلەردە ئوقۇغان. كېيىنچە، ياپونىيەدە ھەربىي ئالىي مەكتەپنى
پۈتتۈرگەن. 1 – دۇنيا ئۇرۇشى تۈگىگەندىن كېيىن، مانجۇرىيە كوممۇنىست
پارتىيىسىگە قېتىلغان ۋە مانجۇرىيە ۋەتەن خائىنلىرى بىلەن بىللە ئىشلىگەن.
ياپونلار مانجۇرىيەنى ئالغاندا نەنجىڭغا قېچىپ كېلىپ، چىن ھۆكۈمىتىنىڭ
خىزمىتىگە كىرگەن.
جىن
شۇرىن شەرقىي تۈركىستانغا جۇشى بولغاندىن كېيىن، 1928 – يىلى جىن شۇرىننىڭ
خۇسۇسىي كاتىپى بىلەن تونۇشۇپ قىلىپ، بىرگە ئۈرۈمچىگە كەلگەن. ئۈرۈمچىدە
ئادەتتىكى بىر ھەربىي دەرىجىلىك خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. كېيىنچە، باش
مەسلىھەتچى ۋە ھەربىي مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولدى. شېڭ شىسەينىڭ شەرقىي
تۈركىستاندا قىلغان ئىشلىرى يۇقىرىدا بايان قىلىندى. ئەمدى تۆۋەندە ئۇنىڭ
سىياسەت ۋە تارىختىكى ئورنى ھەققىدە بىرئاز توختىلىپ ئۆتىمەن.
شېڭ
شىسەينىڭ خوجايىنى رۇسلار ۋە خوشامەتچىسى بولغان بىر قىسىم چىنلىقلار ئۇنى
«شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى ئۆزىنىڭ داھىيانە قابىلىيىتى بىلەن
بېسىقتۇرۇپ، بۇ يۇرتنى تىنچىتقان؛ ئارقىدا قالغان بۇ يۇرتتا مائارىپ،
ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرغان» ۋەھاكازا، دەپ ماختاپ
تەشۋىق قىلماقتا ۋە كۆرسەتكەن بۇ خىزمەتلىرىگە ئۇنى «شېڭ شىسەي» يەنى چىنچە
ئالىم، داھى دېگەن مەنىدىكى ئۇنۋان بىلەن ئاتىماقتا. ئەمما، تارىخ يالغان
گۇۋاھلىقنى قوبۇل قىلمايدىغان ئەڭ ئادىل سوراقچىدۇر. ئاخىرى بىر كۈن،
غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ قارىنى ئاق ۋە كېچىنى كۈندۈز دەيدىغان يالغان
ئىغۋالىرىنى پاش قىلىپ ئۇلارنى قارا يۈز قىلىدۇ. شېڭ شىسەينىڭ ئۆز ۋەتىنى
مانجۇرىيەنى رۇسلارغا سېتىش ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرى ئىنكار قىلىشقا
بولمايدىغان بىر تارىخىي خائىنلىقتۇر. شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەندىن تارتىپ
پەقەت ئۆز شەخسىي مەنپەئىتىنى دەپ، شەرقىي تۈركىستاننى رۇسلارغا ساتقانلىقى
ۋە ئۆزىنىڭ مىللىي دۆلىتى بولغان چىن ھۆكۈمىتىگە خىيانەت قىلغانلىق
جىنايەتلىرى ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇرماقتا. زۇلۇم ۋە ئىستىبداتتىن قۇتۇلۇش،
ئىنسانىيەتنىڭ مۇقەددەس ھەققى بولغان ئازادلىق نېمىتىنى قولغا كەلتۈرۈش
ئۈچۈن، ھەققانىي بىر ئىنقىلاب قوزغاپ چىققان بىر مىللەتنىڭ ھوقۇقىنى
دەپسەندە قىلىپ، پەقەت ئۇ مىللەت ئۈستىدە ھۆكۈمران بولۇش مەقسىتى بىلەن
دۇنيادىكى ئەڭ زالىم ۋە قانخور رۇس بولشېۋىكلىرىدىن ياردەم ئېلىپ، بۇ
مىللەتنى ۋە ۋەتىنىنى ناھايىتى ئەزان باھاغا ساتقانلىقى، ئۆزىنىڭ بىر نەچچە
يىللىق مەنسەپ ۋە تەختى – بەختىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇ مىللەتنى
كوممۇنىست جاللاتلىرىنىڭ قولىغا تۇتۇپ بېرىپ، ئوتقا ۋە قانغا
پۇچۇلاۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. بۇنىڭغا ئوخشاش بىر خائىن
تارىختا بەك ئاز كۆرۈلىدۇ. شۇڭا تارىخ بۇنىڭغا ئۆز لايىقىدا جاۋاب بەرگۈسى.
ھېچ بولمىغاندا، تارىخ ئادالىتى يۇقىرىقى ناھەق ئۇنۋاننىڭ بىر ھەرپىنى
يەڭگۈشلەپ «شېڭ شى زېي» يەنى «دۇنيا ئوغرىسى شېڭ» دېگەن ئۇنۋاننى بېرىدۇ.
مانا بۇ، ئۇنىڭغا ئەڭ لايىق بىر تارىخىي نامدۇر.
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى تۈگىدىمۇ؟
بۇ
سوئالغا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ روھىي ھالىتىنى تەتقىق قىلمىغان ۋە بۇ
ئىنقىلاب نەتىجىسىدە ئومۇمىي خەلقنىڭ يۈرىكىگە ئورۇنلاشقان ھېسسىياتتىن
خەۋەرسىز ۋە دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ تارىخىنى بىلمىگەن كىشى «تۈگىدى» دەپ
جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇ كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قولىدا
قورال يوقلىغىنى ۋە دۈشمەننىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىلا كۆرمەكتە. بۇ
سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەرقانداق ھەرىكەتكە چارىسىز تەقدىرگە
بويسۇنۇپ تۇرغانلىقىنى، ئىنقىلابنىڭ تۈگىگەنلىكى دەپ ھېسابلىماقتا.
ھازىرقى باسقۇچتا دۈشمەننىڭ يالغان تەشۋىقات ۋە قانلىق تەھدىت بىلەن
خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى زەھەرلىشى، خەلقنىڭ مىللىي قۇدرىتىنى يوقىتىش
ئۈچۈن مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىشقا ھېچقانداق
ئىمكانىيەت بەرمەيۋاتقانلىقىنى بۇنىڭغا دەلىل قىلىپ كۆرسەتمەكتە.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ ئېگىز
تاغلىرى بىلەن ۋە ئەڭ يامان چۆللىرى بىلەن ئورالغانلىقى ۋە ھېچبىر
تەرىپىنىڭ دېڭىزغا يېقىن ئەمەسلىكى، قۇرۇقلىقتىنمۇ مەدەنىي مەملىكەتلەردىن
بەك يىراقتا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ جۇغراپىيىلىك تەلەيسىزلىكى ۋە كۈچلۈك
دۈشمەننىڭ ئاچكۆز ۋە تاماخور ئاغزىغا بەك يېقىن بولغانلىقى يۇقىرىقى كۆز
قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ.
لېكىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ روھىي ھالىتىنى تەتقىق قىلغان، خەلقنىڭ
ئىنقىلاب دەۋرىدىن بېرى كۈچلىنىپ كېلىۋاتقان مىللەتپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى،
ھازىر دۈشمەننىڭ قانلىق زۇلمى ۋە قانلىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە تېخىمۇ
كۈچەيگەن غەزەپ ۋە نەپرەت ھېسسىياتىنى تارىخ ۋە سىياسەت نوقتىئىينەزىرىدىن
ئويلىغان كىشىلەر، بۇ سوئالغا جىددىيلىك بىلەن «ھەرگىز تۈگىمىدى ۋە ھەرگىز
تۈگىمەيدۇ!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلار بۇنداق جاۋاب بېرىشتە ناھايىتى
ھەقلىق. چۈنكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى يىگىرمە يىلدىن بېرى دۇنيادىكى
ئەركىن مىللەتلەرنىڭ ئەزىزلىكىنى، ھەرخىل ھەققە ئىگە ئىكەنلىكىنى، مائارىپ،
سودا، دېھقانچىلىق، سانائەت، ھەربىي ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەممىسى
ئۇ مىللەتنىڭ پايدىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتمەكتە.
ئاسارەت ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ
خارلانغان، ھەرقانداق ھەق – ھوقۇقتىن مەرھۇم؛ ھەرخىل زۇلۇم ۋە قىيىن –
قىستاق ئاستىدا ئېزىلىۋاتقانلىقى، ھەر ئىشتا دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئارقىسىدا
قالغانلىقى؛ مائارىپ، ئىقتىساد ئىشلىرى ۋە تەبىئىي بايلىقىنىڭ ھەممىسى
دۈشمەننىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىكەنلىكى ۋە خەلقنىڭ پۈتۈن ئىجتىمائىي
مەنپەئەتلەردىن مەرھۇم قىلىنغانلىقىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاشكارا
كۆرۈپ يەتمەكتە. شۇنداقلا دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا ئىززەت – ئابرۇيغا
ئىگە بولۇش، ئەڭ ئەقەللىي ھەقلىرىنى قولىغا ئېلىش، بەخت – سائادەت ئىچىدە
ياشاش، باشقا قانخور زالىملار ئالدىدا ھايۋان پادىلىرىغا ئوخشاش ياشاشتىن
قۇتۇلۇپ، ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ياتلارنىڭ
ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلۇپ، يەرلىك ۋە مىللىي بىر ئىدارىي تەشكىل قۇرۇشتىن
باشقا چارە يوقلۇقىغا چىن كۆڭلىدىن ئىمان كەلتۈرمەكتە.
دۈشمەننىڭ قۇدرەتلىك كۈچى، قانلىق زۇلۇمى، ئالدامچى تەشۋىقاتلىرى، ئويدۇرما
نامايىشلىرى بۇ ئىماننى سۇسلاشتۇرالمايدۇ! بەلكى بۇ ئىشلار خەلقىمىزنىڭ بۇ
ئېتىقادىنى كۈچلەندۈرۈپ، دۈشمەنگە بولغان ئاداۋەت ۋە نەپرەت ھېسسىنى
كۈچەيتىشتە ئەڭ مۇھىم ئامىللاردۇر. بۇ سىياسەت ۋە تارىخ سەھنىلىرىدە
ئىسپاتلانغان بىر ھەقىقەتتۇر.
دۈشمەننىڭ زورلۇق – زۇمبۇلۇق ۋە جاللاتلىق بىلەن خەلقنى قورقۇتۇشى، بىر
قىسىم ۋىجدانسىزلار ۋاسىتىسى بىلەن قورقۇتۇپ بېسىم ئىشلىتىشلىرى كۆرۈنۈشتە
خەلقنى بىر مەزگىل قۇۋۋەتكە بويۇن ئېگىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. ئەمما، يۇقىرىقى
مۇقەددەس كۈچلۈك ئىمان ۋە ھەقىقىي مەنىۋى كۈچ ئۆچكەن يانار تاغنىڭ بىر
مەزگىللىك جىمجىتلىقىغا ئوخشاش كۆرۈنۈشتە غەپلەت ئۇيقۇسىغا ياتقاندەك
قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىچ – ئىچىدىن قايناپ، ھارارىتىنى دائىم ئاشۇرماقتا.
بىر يەر تەۋرەش (سېلكىنىش) ياكى باشقا بىر كىچىككىنە ھەرىكەت نەتىجىسىدە
بىردىن يالقۇنلىنىپ تېشىپ، ھەرقانداق توسالغۇنى ۋە ھەرقانداق دۈشمەننى
كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتىش قۇدرىتىنى ھەر دائىم ئۇلغايتىپ تۇرىدۇ.
چۈنكى، مۇنداق بىر مىللەتنىڭ مەڭگۈ ئەسىرلىكتە قالمايدىغانلىقى ۋە
دۈشمەننىڭ بېشىغا بىر بالا كەلگەن ھامان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بىردىن
ھەرىكەتلىنىپ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، شەرەپلىك ھاياتقا ئېرىشكەنلىكى
تەجرىبىلەردىن ئۆتكەن بىر ھەقىقەتتۇر. زۇلۇم سىياسىتىنى ھۆكۈمرانلىقنىڭ
ئاساسىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ھالاك بولۇشى ۋە تارىخ
سەھىپىسىدە بىر ئىبرەت مەنزىرىسى قىلىپ كۆرسىتىدىغانلىقى ئاللاھ تائاللانىڭ
ئېنىق بىر ئادىتىدۇر.
دۈشمەننىڭ زۇلۇم ۋە ئىستىبداد يولى بىلەن خەلقنى ئۆز مىللىتىدىن تاندۇرۇش
ئۈچۈن ۋە يالغان تەشۋىقاتلار بىلەن ئۇ مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆز پايدىسىغا
قۇربان قىلىش ئۈچۈن قىلغان تەشەببۇسلىرىنىڭ ئەكسى نەتىجە بېرىدىغانلىقى
ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋالدۇر.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ۋەزىيىتىدىن كېلىپ چىققان قىيىنچىلىق،
بۈگۈنكى ۋە بۇرۇنقى پالاكەتلەرنىڭ مۇھىم سەۋەبىدۇر. ئەگەر بۇ پايدىسىز
ئامىل بولمىغان بولسا، شەرقىي تۈركىستانغا ھېچقانداق بىر چەت دۆلەتنىڭ
تاجاۋۇز قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. غەربىي ئاسىيادىكى تۈرك
قېرىنداشلىرىمىزدەك ھەر قانداق دۈشمەننى ئۆز ۋاقتىدا ئۇزاقلاشتۇرۇپ،
يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ دائىم مۇستەقىل ياشىغان بولاتتۇق.
لېكىن، بۇ قىيىنچىلىق يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق ئەمەس. ئىمكانىيەت
دائىرىسى ئىچىدە بولغان ھەرقانداق قىيىن ئىشنىڭمۇ ئىنسان غەيرىتى ۋە
پىداكارلىقى بىلەن يەڭگىلى بولىدىغانلىقى ھەر ئەقىل ئىگىسىگە مەلۇمدۇر.
ئەگەر، ئىنسان غەيرەت ۋە پىداكارلىقنى تاشلاپ «قازاغا رىزا، بالاغا سەبرى»
دەپ ئاجىزلىق، ھۇرۇنلۇق ۋە قورقۇنچاقلىق يولىنى تۇتسا، ئۇنداق ئىنسانغا
ئاسان ئىشمۇ قىيىن بولۇپ قالىدۇ، ئەلۋەتتە.
ئاتا
– بوۋىلىرىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا دۇنيانى تىترەتكەن خانلىقلارنى
قۇرغانلىقى، مۇستەقىللىقلىرىنى ۋ ئىززەتلىرىنى ئەسىرلەرچە ساقلاپ
قالغانلىقلىرى تارىختا پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم. ئۇلارنىڭ زامانىدىمۇ ھازىرقى
جۇغراپىيىلىك قىيىنچىلىق بار ئىدى. ئۇلارنىڭ غەيرەت ۋە پىداكارلىقى ئۇ
قىيىنچىلىقنى يەڭدى ئەمەسمۇ؟ دېمەك، بىر مىللەتتە ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە
مىللەتپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ئۇرغۇپلا تۇرىدىكەن، ئۇ مىللەتنىڭ مۇقەددەس
مەقسىتىگە توسالغۇ بولىدىغان سىياسىي، جۇغراپىي ۋە باشقا ھەرقانداق
قىيىنچىلىق ھەل بولىدۇ، ھەرقانداق دۈشمەننى يېڭىپ كېتەلەيدۇ.
بۇ
قىيىنچىلىقلار ئۇنىڭ مەقسەتلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى بىرئاز كېچىكتۈرسىمۇ،
پۈتۈن خەلق ئۈمىدسىزلەنمەي بىرلىك ۋە پىداكارلىق بىلەن تىرىشىپ،
پۇرسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغانلا بولسا،
كۆزلىگەن مەقسەت – مۇرادىغا چوقۇم يېتەلەيدۇ. بۇلار تارىختا بىلىنگەن
ھادىسىلەردۇر.
مانا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بۇ نۇقتىئىينەزەر بىلەن قارايدىغان
شەرقىي تۈركىستان پەرزەنتلىرى يۇرت ئىچى ۋە تېشىدا خېلى كۆپ ساننى
ئىگىلەيدۇ. بۇلارنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ غايەت پارلاق ۋە
سائادەتلىك كېلەچەككە ئېرىشىدىغانلىقىنىڭ مۇھىم ئامىلى. بۇلارنىڭ مەيلى
يۇرت ئىچىدە بولسۇن ياكى يۇرت تېشىدا بولسۇن مۇمكىنقەدەر توغرا ھەرىكەتتە
بولغانلىرى ئومۇمىي خەلقنىڭ يۇقىرىقى مۇستەھكەم ئىمانى ۋە ھېسسىياتى بىلەن
بىرلىشىپ، ناھايىتى كەڭ ۋە پايدىلىق بىر ئىنقىلاب ھەرىكىتىنى مەيدانغا
كەلتۈرگۈسى!
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى تۈگىمىدى. مۇستەقىللىق
نېمىتى قولغا كەلگۈچە بۇ ئىنقىلابنىڭ تۈگىشى مۇمكىن ئەمەس!
ئۇلۇغ ۋە قادىر تەڭرىمىزدىن پالاكەتكە ئۇچرىغان بەندىلىرىگە رەھمەت ۋە
نۇسرەت، دۈشمەنلىرىگە غەزەپ ۋە مەغلۇبىيەت تىلەيمىز. ئامىين!
ھىجرى 1359 – يىلى رەبىئۇل ئەۋۋلنىڭ 10 – كۈنى، پەيشەنبە (1940 – يىلى 4 –
ئاينىڭ 18 – كۈنى)
كابۇل، ئافغانىستان
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا
(
ئىمزا)
|