English

Türkçe

 

عربي

ئۇيغۇرچە

 

 

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 60 يىلى

كىرىش سۆز

Tursun Islamھوقۇق قوغدىغۇچى، قانۇنچى تۈرسۈن نىياز ئوغلى ئىسلاموۋ 1936 - يىلى 9 - ماي كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى غۇلجىدا تاماملىغان. 1952 – 1954 - يىللىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۆلكىلىك سودا - ئىقتىساد تېخنىكومىنىڭ ئىقتىساد بۆلۈمىنى ئەلا نەتىجىدە پۈتتۈرۈپ، 1955 - يىلى 6 - ئايغىچە غۇلجا شەھەرلىك «يىپ ماللار سودىسى» ئىدارىسىدا ئىقتىسادچى ۋە ماگىزىن مۇدىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ 1955 - يىلى 7 - ئايدا قىرغىزىستانغا كۆچۈپ چىققان.

1966 - 1972 - يىللىرى قىرغىزىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ ، ئۇنى نەتىجىلىك تاماملىغاندىن كېيىن، 1972 - يىلدىن 1996 - يىلغىچە قىرغىزىستاندا ئادۇكات، قانۇن مەسلىھەتچىسى ، قارابالتا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1996 - يىلى پېنسىيىگە چىققان. ئۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى قوغداش مەقسىتىدە 1997 - يىلى بىشكېكتىكى ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش «دېموكراتىيە» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىقتى ۋە ئۇنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

تۇرسۇن ئىسلام 1998 - يىلى ئىستامبۇلدا خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزىنى قۇرۇشتا تەشەببۇسكارلارنىڭ بىرى بولۇپ، قۇرۇلتايدا مىللىي مەركەزنىڭ رېۋىزىيە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىسسىيەسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى. شۇنىڭدەك 1999 - يىلى ئۆكتەبىردە گېرمانىيىنىڭ مىيۈنخېن شەھىرىدە ئېچىلغان 2 - نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرستان) مىللىي قۇرۇلتىيىغا قىرغىزستاندىن ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان ۋە بۇ قۇرۇلتايدا باش تەپتىش ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن.

ۋەتەن داۋاسىنى خەلقئارا سەھنىگە كۆتۈرۈشتە تۇرسۇن ئىسلام بۇ داۋانىڭ ئالدىنقى ۋەكىللىرى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ ، كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ 1998 - يىلى ئەنقەرەدە تۈركىيە پارلامېنت مۇنبىرىدە سۆز قىلىپ ْ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك ئەھۋالىنى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىيانە سىياسىتىنى پاش قىلدى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھەققانىي، مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللاپ - قۈۋەتلىشى كېرەك ئىكەنلىكى ، بۇ مۇستافا كامال ئاتا تۈركنىڭ ۋەسىيىتى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

كىتابنىڭ ئاپتورى تۇرسۇن ئىسلام قانۇنشۇناسلىق ئىلمى ۋە سىياسى ساھەدە قەدەملەپ ئىلگىرىلەۋاتقان قابىلىيەتلىك تەشكىلاتچى ۋەتەنپەرۋەرلىرىمىزنىڭ بىرسىدۇر.

ئۇ 1997 - يىلى 5 - فېۋرالدا غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنىچلىق بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان نامايىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانلىق باستۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، شۇ يىلى 21 - فېۋرالدا ، شۇنىڭدەك 1999 - يىلى 10 - دېكابىر كۈنى بىشكېكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا پىكېت (نامايىش) ئۇيۇشتۇرۇپ ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايى سىياسىتىنى توختىتىشنى قەتئى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭدەك خىتاي باش ئەلچىسىگە نارازىلىق خەت تاپشۇرۇپ، قىرغىزىستان جۈمھۈرىيىتى ۋە چەتئەل مەتبۇئات ۋە تېلېۋىزىيىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان دىققىتىنى ۋە ھېسداشلىقىنى قوزغىدى.

تۇرسۇن ئىسلام 1999 - يىلى ئۆكتەبىردە ميۈنخېن شەھىرىدە ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرستان) مىللىي قۇرۇلتىيىغا ، 2000 - يىلى نويابىردا ئېستونىيەنىڭ مەركىزى تاللىن شەھىرىدە بولغان دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قۇرۇلتىيىغا، 2001 - يىلى بېلگىيىنىڭ پايتەختى بروكسسېلدە ياۋروپا پارلامېنت بىناسىدا ئېچىلغان «ئىنسان ھەقلىرى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى»غا، 2002 - يىلى ماي ئېيىدا ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلتىيىغا، شۇنداقلا 2002 - يىلى 2 - 3 - نويابىردا ئالبانىيە مەركىزى تىرانا شەھىرىدە ئېچىلغان خەلقئارالىق ترانسناتسىئونال رادىكال پارتىيىسىنىڭ كونگرېسسىغا قاتنىشىپ ، «ئىنسان ھوقۇقىي ۋە تېررورىزم» تېمىسىدا سىياسى دوكلات قىلىپ ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا قوللىنىۋاتقان گېنوتسىد سىياسىتىنى پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا پاش قىلدى.

شۇنى تەكىتلەش كېرەككى ، 1944 - 1949 - يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا بولۇپ ئۆتكەن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا ئۇنتۇلماس شۆھرەتلىك سەھىپىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئازاد شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي دۆلەتلىرى تارىخى نۇقتا نەزەرىدىن ھېسابلىغاندا 6 - مىللىي مۇستەقىل دۆلىتىمىز بولغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ تامامەن يېڭى، ئىلغار بىر دۆلەت ئىدى. ئۇنىڭ تەركىبىدە خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى بىلەن ئىنقىلابچى ياشلار تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇپ، ئۇ ئىككى تەشكىلاتقا مىڭلىغان ئىلغار ياشلىرىمىز بىلەن ئىنقىلابى زىيالىيلىرىمىز كىرگەنىدى. 30 مىڭ كىشىلىك مۇنتەزىم مىللىي ئارمىيىمىز مەغرۇرلۇق بىلەن قاتارغا تىزىلغانىدى.

ئاپتور ئۆز كىتابىنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 60 يىل تولىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنە شۇ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ ، قۇربان بولغان ۋە قانلىق جەڭلەرگە قاتناشقان مىللىي ئارمىيە جەڭچى ئوفېتسېر غازىلارغا بېغىشلىغان.

بۇ كىتاب ياشلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىكتە تەربىيىلەشتە چوڭ رول ئوينايدۇ. شۇنىڭدەك ئۆز خەلقىنىڭ ئۆتمۈش كۈرەش تارىخىنى ئۆگىتىپ ، كېلەچەكتە ۋەتەن ۋە مىللەت ئازادلىقى ئۈچۈن ئاكتىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرىدۇ.

تۇرسۇن ئىسلام ھوقۇق قوغداش ۋەزىپىسىنىڭ سىرتىدا ئۇ يەنە قانۇنشۇناسلىق ئىلمى ۋە سىياسى پائالىيەتلەر بىلەن ھەم شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. بىز ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسى پائالىيەتلىرىگە چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمىز.

              ئەزىز نارىنبايېۋ

قىرغىزستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي پەنلەر ئاكادېمىسيىسىنىڭ پەخرى ئاكادېمىكى، قىرغىزستاندا ئىلىم پەنگە خىزمەت كۆرسەتكەن ئەرباب، فىلوسوفىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور.

        قىرغىزستان، بىشكېك شەھرى

        2003 ـ يىل ، ئىيۇل

مۇئەللىپتىن

ھۆرمەتلىك كىتابخان!

قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ، 1944 - 1949 - يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن قازاق، قىرغىز ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەم مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قانلىق جەڭلەرگە قاتنىشىپ كۈرەش قىلغان غازى ئاكىلارغا بېغىشلاندى.

ۋەتىنىمىزدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا ئۇنتۇلماس شۆھرەتلىك سەھىپىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئاخىرقى مۇستەقىل دېموكراتىك ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە تەرەققىي تېپىشىغا ئىككى ئىمپېرىيە - سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى يول قويمىدى. 1949 - يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى جىسمانىي يوق قىلىنغاندىن كېيىن، ستالىننىڭ ياردىمى بىلەن ئۇنى خىتايلار قانۇنسىزلىق بىلەن بېسىۋالدى. بۇ مۇقەددەس يەرنىڭ ئىسمى زورلۇق بىلەن «شىنجاڭ» دەپ ئۆزگەرتىلدى. ئۇنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇردى. تارىخىمىزنى بۇرمىلاپ ساختىلاشتۇرۇپ ، مىللىتىمىزنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. ئاتالمىش «تېررورچىلار ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش» نىقابى بىلەن ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىنسانى ھوقۇقى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش ھەققىدىكى تىنىچ ئارزۇ ـ ئىستەكلىرى دەپسەندە قىلىندى. خەلقىمىزنىڭ قانۇنى سىياسى تەلەپلىرىنى تىنىچ يول بىلەن ھەل قىلماي ، دۆلەت تېررورلۇق سىياسىتىنى قوللانماقتا. مىللىتىمىزنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇپ ، 50 يىلدىن بۇيان گېنوتسىد سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.

خىتايلار 2001 - يىلنىڭ 11 - سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق پاجىئەدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە «تېررورچىلار» دەپ كۆرسىتىشكە جان ـ دىلى بىلەن ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ پىلانى ئەمەلگە ئاشمىدى. خەلقئارالىق ئابرويلۇق كەچۈرۈم تەشكىلاتى 1999 - يىلى 25 - ئاپرېل كۈنى 92 بەتلىك شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى ئېغىر دەپسەندە قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئومۇمى دوكلاتىنى (ھۆججەتنى) پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىپ ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قىلىۋاتقان زۈلۈمىنى ئوچۇق پاش قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيىتى ۋە زۈلۈمىغا قارشى ئازادلىق كۈرىشىنى ئۇيغۇر خەلقى بىر كۈنمۇ توختاتقىنى يوق. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى جۈملىدىن «شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرستان) مىللىي قۇرۇلتىيى» قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ پائالىيىتىنى دۇنياغا تونىتالىدى.

ياۋروپا مەملىكەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرى ئۈچۈن تىنىچلىق يول بىلەن قىلىۋاتقان كۈرىشىنى قوللاپ - قۇۋەتلەۋاتىدۇ. بۇنىڭ مىسالى ْ دۇنياغا مەلۇمكى 2001 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر كۈنى بېلگىيىنىڭ پايتەختى بروكسسېل شەھىرىدە ياۋروپا پارلامېنت بىناسىدا «شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرستان) مىللىي قۇرۇلتىي»نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال (ئوككۇپاتسىيە) قىلغان 50 يىل مابەينىدىكى ۋەزىيىتى» ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق كونفىرانسىيىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ.

ئۇيغۇر خەلقى تېررورچىمۇ ئەمەس ، بۆلگۈنچىمۇ ئەمەس. ئۇ ئۆز يېرىدە ئازاد ، ئەركىن ياشاشنى خالايدۇ. بۇ ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقىلىرى دېكلوراتسىيىسىگە ئاساسەن تىنىچ سىياسى يول بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز لازىم. بىزنىڭ ئېلىپ بارىدىغان كۈرىشىمىزنىڭ ئاساسى ئىستراتېگىيىسى، بىرلا نىشاننى يەنى 1944 - 1949 - يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز بېسىلىۋېلىنغان دۆلىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ، بۇ داۋانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا يەتكۈزۈپ ۋە خەلقئارادا قوللاپ - قۇۋەتلەشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

ئاخىرىدا بۇ كىتابنى چىقىرىشتا ماددى ۋە مەنىۋى ياردەمدە بولغان ۋەتەنپەرۋەرلەرگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن.

           تۇرسۇن ئىسلام

 1 ـ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ھارپىسىدىكى ۋەزىيەت

 شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقنىڭ 1944 - يىلدىن 1949 - يىلىغىچە گومىنداڭ خىتاي زۇلۇمىغا قارشى ئېلىپ بارغان بۇ مىللىي ئىنقىلابى تاسادىپى تۇغۇلغان بولماستىن، شۇ چاغدىكى ئىچكى ۋەزىيەتنىڭ تەسىرى ۋە سىياسى، ئىجتىمائى سەۋەبلەر ئارقىسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەنىدى.

شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي ئىنقىلابنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە گومىنداڭ خىتاي زۇلۇمىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان ھۆكۈمرانلىقى سەۋەب بولدى. دېمەك ، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقلەر تارىخى جەرياندا مۇستەملىكچىلەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان زۇلۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن. ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك ، قىرغىز ۋە باشقا مىللەتلەر بۇ زۇلۇم - ئېكسپلاتاتسىيىگە چىدىماي دائىم قوراللىق قوزغىلىپ، كۈرەش قىلىپ كەلگەنىدى.

1931 - يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پارتلىغان قوراللىق قوزغىلاڭلار مۇستەملىكچىلەرگە بولغان كۈچلۈك قارشىلىقنى بىلدۈرەتتى.

ئەكسىيەتچى شىڭ شىسەن ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققاندىن كېيىن، ئالدامچىلىق بىلەن «ئالتە بۈيۈك سىياسەت»نى يۈرگۈزگەن بولسىمۇ ، لېكىن خەلقئارا ۋە ئىچكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۇ جاڭ كەيشى گۇروھىغا ئۆتۈپ كەتتى. شىڭ شىسەن ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئىلغار تەرەققىپەرۋەر جەمئىيەت ئەربابلىرى ۋە زىيالىيلارنى كۆپلەپ قاماققا ئېلىپ ، تۈرمىلەردە قىيناپ ئۆلتۈردى. شىڭ شىسەي ھەر دائىم ئۈستۇلۇق بىلەن «مەخپى قوزغىلاڭ» ۋە «خائىنلەر دېلوسى» دېگەن يالغان نەرسىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىراتتى. شۇنىڭ بىلەن قانلىق تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىق قىلىشى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئەيىبسىز ئادەملەر ئۆلتۈرۈلەتتى. شەرقىي تۈركىستاندا شىڭ شىسەي يىقىلىپ گومىنداڭ خىتاي ئەكسىيەتچىلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتىدا ھەم مىللىي زۇلۇم تېخىمۇ ئەۋج ئالدى.

سىياسى كرىزىسكە قاراپ ئىقتىسادى ئەھۋالمۇ ناچارلىشىشقا باشلىدى. سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا ئالاقە بۇزۇلدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم بازاردىن مەھرۇم قىلىندى. سانائەت ماللىرى كەمەيدى. سودا ئوبوروتى توختىدى. دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ۋە سانائەت ماللىرىنىڭ باھاسى ئوتتۇرسىدا چوڭ پەرقلەر يۈز بەردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىر بۆلۈك سودىگەرلەر ۋەيران بولدى. ئەمما بىر تۈركۈم ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن بازارنى مونوپولىيە قىلىپ باي بولۇشتى.

1944 - يىلى مال باھاسى تۆت يېرىم ھەسسە ئۆرلىدى. سودا - سانائەتچىلەر ئىچىدە ئىشسىزلىق كۆپەيدى. خەلق تۇرمۇشى ئىنتايىن ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئەسكەرلەرنى كۆپەيتىشكە ئۇنىڭ بېقىش چىقىملىرى كۆپەيدى. مەسىلەن ْ 1943 - يىلى گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 20 مىڭ بولغان بولسا ، كېيىن ئۇنىڭ سانى 100 مىڭغا يەتكۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت باج ۋە سېلىقلارنى دائىم كۆپەيتىپ ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇردى. مۇستەملىكە زۇلۇمنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ، ئىقتىسادى ئەھۋالنىڭ كۈندىن ـ كۈنگە ناچارلىشىشى ئارقىسىدا ھەددىدىن ئاشقان ئېكسپلاتاتسىيە ئىنتايىن ئېغىرلاشتى. مۇنداق ۋەزىيەتتە خەلق قوزغىلىپ باسقۇنچىلارغا قارشى كۈرەش قىلماي مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

 

2 ـ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ گومىنداڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى كۈرىشىنىڭ كۈچىيىشى

شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب ، ئېزىلگەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىرلىك ـ ئىتتىپاقلىقتا ئېلىپ بارغان ئۇزۇن يىللىق كۈرىشىنىڭ يىغىندىسى بولدى. ئىلى ، تارباغاتاي ، ئالتاي ۋە تاشقورغان ئەتراپلىرىدا خېلى بۇرۇنلا باسقۇنچىلارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى قوراللىق كۈرەش باشلانغانىدى.

1940 - يىلى شىڭ شىسەي تاغلىق رايوندا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ قارشىلىقىدىن قورقۇپ قوراللارنى يېغىۋېلىش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى. ئەمما كۆپچىلىك خەلق قورال تاپشۇرۇشنى رەت قىلدى. شىڭ شىسەي شۇ يىلى فېۋرال ئېيىدا ئاتالمىش «قورال ـ ياراغ ئېنىقلاش كومىتېتى» نى چارۋىچىلىق رايونلاردىكى خەلقنىڭ قوراللىرىنى زورلۇق بىلەن يىغىۋېلىشقا ئەۋەتتى. بۇ ئەھۋال چارۋىچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. كۆكتوقاي ناھىيىسىدىكى چارۋىچىلار ساقچى ئىدارە باشلىقى ۋە «قورال ئېنىقلاش خادىملىرى» نى ئۆلتۈرۈپ ، تۆت يۈزدەك ئادەم كۆكتوقاي ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلدى. شۇنىڭدەك چىڭگىل ناھىيىسىدىكى چارۋىچىلار ھەم كەڭ كۆلەملىك قوراللىق قوزغىلاڭ باشلىدى. ھۆكۈمەت كۆپ چېرىكلەرنى ئەۋەتىپ باستۇرۇش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ، ئۇلارنى تولىقى بىلەن يوق قىلالمىدى. ئۇلار پارتىزانلىق ھەرىكەت قىلغاچقا ھۆكۈمەتنىڭ پىلانى ئىشقا ئاشمىغان. 1943 - يىلى ئاپرېلدا خىتاي ئارمىيىسى ئۈچۈن 10 مىڭ تۇياق ئات سېلىقى ، غەزەپلىنىپ تۇرغان خەلقنى ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەت قىلىشقا تارتتى. ئالتايدىكى چارۋىچىلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ چىڭگىل ناھىيىسىنى ئىشغال قىلدى.

خەلق دەلىلخان سۇغۇر بايېۋنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىپ پارتىزان ئەترىتىنى تەشكىل قىلدى.

شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى (تاشقورغان) رايونلىرىدىمۇ قوراللىق كۈرەش باشلانغانىدى. ئىسھاقبېك باشچىلىقىدا پارتىزان ئەترىتى ھەرىكەتلەنمەكتە ئىدى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممە جايلىرىدا ئىزىلگەن خەلقنىڭ قوراللىق كۆتۈرۈلۈشى، بۇ خىتاي باسقۇنچىلىرى زۇلۇمىغا قارشى كۆتۈرۈلگەن دەسلەپكى قارشىلىق ئىدى. بۇ قوراللىق قارشىلىق شىڭ شىسەيدىن كېيىنكى ھۆكۈمران گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارىتىلدى. گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان شارائىتتا مىللىي زۇلۇم ، مىللىي كەمسىتىش، ئىقتىسادى ۋەيرانچىلىق ، مەدەنى مائارىپنىڭ ناچارلىشىشى، دۆلەت تېررورلىقى مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى سىياسى جەھەتتە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىنسانى ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

غەزەپ - نەپرىتى چېكىگە يەتكەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈرەش قىلىش ۋە ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن بارلىق خەلق بىرلىك ، ئىتتىپاقلىق ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

 3 ـ نىلقىنىڭ ئازاد قىلىنىشى

1944 - يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا نىلقىنىڭ غەربى تەرىپىدىكى ئۇلاستايدا خىتاي مۇستەملىكچىلەرنىڭ زۇلۇمىغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. غېنى باتۇر، فاتىخ باتۇر، ئەكبەر سېيىت، رەپىق، ھۇشۇر، نۇر، خەمىت ۋە ئوسمان باتۇرلار يېتەكچىلىكىدە ئۈچ پارتىزان ئەترەتلىرى تەشكىل قىلىندى. ئۇلار ئۇلاستاي تاغ رايونىنى مەركەز بازا قىلىپ ، جارتوغان ، كۆكباي، جالىنقول قاتارلىق جايلاردا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى تەشۋىق ـ تەرغىبات ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. ھەر مىللەت خەلقلىرىدىن پارتىزان ئەترىتىگە پىدائىلارنى قوبۇل قىلىپ ، ئاز ۋاقىت ئىچىدە پارتىزانلارنىڭ سانى 600 دىن ئېشىپ كەتكەن.

1944 - يىلى 6 - ئۆكتەبىر كۈنى تاڭ سەھەردە پارتىزانلار جەنۇب ، شىمال ۋە غەرب ئۈچ تەرەپتىن نىلقا ناھىيە بازىرىنى قورشىۋالدى. غېنى باتۇر باشچىلىقىدىكى چوڭ ئەترەت جەنۇب تەرەپكە، ئەكبەر باتۇر باشچىلىقىدىكى چوڭ ئەترەت غەرب تەرەپكە، بايچۈرىن قول ئاستىدىكى ئەترەت شىمال تەرەپكە ئورۇنلاشقانىدى. پارتىزانلار ئۈچ تەرەپلەپ تەڭلا ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم باشلىدى. پارتىزانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ماسلىشىپ غەزەپ تاقىتى چېكىگە يەتكەن ھەر مىللەت خەلقى گومىنداڭ ھەربىي ۋە ساقچىلىرىغا قارشى قولىغا كالتەك - توقماقلا ئېلىپ «ۋۇررا» ئاۋازى بىلەن قوزغالدى. خىتايلار ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىن قېچىپ چىقىپ ساقچى ئىدارىسىغا كىرىۋالدى. ساقچى ئىدارىسىنىڭ تېمى ۋە مۇستەھكەم ئىستىھكامى بولغانلىقى ئۈچۈن جەڭ بىر كېچە كۈندۈز داۋاملاشتى. ئاخىرى پارتىزانلار ساقچى ئىدارىسىنىڭ تېمىنى پارتلىتىۋەتكەندىن كېيىنلا ھۇجۇم خېلى ئوڭۇشلۇق بولدى.

7 - نويابىر كۈنى 200 دەك گومىنداڭچىلار تەسلىم بولۇپ، ئاق بايراق چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن نىلقا ناھىيىسى پارتىزانلار تەرىپىدىن ئازاد قىلىندى. بۇ شىددەتلىك جەڭدە پارتىزان ئەترىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان خەمىت باتۇر ئېغىر يارىدار بولغاندىن كېيىن قۇربان بولدى. نىلقا پارتىزانلىرىنىڭ ئابرۇيى ناھايىتى تېز كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. پارتىزانلارنىڭ ھەرىكىتى شۇنچىلىك تېز بولدىكى تېز ۋاقىت ئىچىدە توققۇز تارا، تىكەس ئەتراپىغا كېڭەيدى ۋە مازارغا ھۇجۇم باشلىدى. خىتايلار مازارنىڭ ھەربىي ئەھمىيىتىنى ياخشى بىلەتتى. ئەگەر مازار پارتىزانلار قولىغا ئۆتۈپ كەتسە، غۇلجا ۋە جىڭغا يول ئوچۇق بولىدىغىنىدىن بەك قورقاتتى. شۇڭا بىر تەرەپتىن ماناس مۇداپىئەسىنى كۈچلەندۈرۈشكە ھەرىكەت قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن نىلقىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى پارتىزانلاردىن قايتۇرۇپ ئالماقچى بولۇشتى.

1944 - يىلى 22 - ئۆكتەبىر كۈنى خىتايلارنىڭ ئىككى روتا ئەسكىرى تاشداۋان ئارقىلىق نىلقىغا ھۇجۇم قوزغىدى. پارتىزانلار رەھبەرلىكى ئەكبەر باتۇر باشچىلىقىدىكى چوڭ ئەترەتكە دۈشمەننى نىلقىغا كىرگۈزمەي ، يولدا توسۇپ يوق قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. ئەكبەر باتۇر بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن باسىلغان داۋانىدىن ئۆتۈپ ، خىتايلار بىلەن شىددەتلىك بىر كېچە كۈندۈز جەڭ قىلدى. ئاخىرىدا خىتايلار 80 دىن ئارتۇق ئۆلۈكلىرىنى تاشلاپ تار - مار بولۇپ قېچىشقا مەجبۇر بولدى.

نىلقىدا كۆتۈرۈلگەن يەرلىك خەلقنىڭ قوراللىق ئىنقىلابى كۈرىشىنى باسقۇنچىلار «ئالتە ئوغرىنىڭ قوزغىلىڭى» دەپ كەمسېتىپ، ھاقارەتلەپ خەلقنى ئالدىماقچى بولغان بولسىمۇ ، لېكىن نىلقا ناھىيىسىدىكى قوراللىق كۈرىشىنىڭ نەتىجىسى ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىق پىلانلىرىنى تار مار قىلىۋەتتى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ خىتاي باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى بارغانسېرى كېڭەيدى. خەلق ئاغزىدا داستان بولۇپ كەتكەن غېنى باتۇر، فاتىخ باتۇر، ئەكبەر باتۇر، ئوسمان، نۇر ۋە ھۇشۇر باتۇرلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئۆز جېنىنى ئايىماي، خىتاي باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرىنچىلەردىن بولۇپ قوزغىلاڭ كۆتۈردى. بۇلار نىلقا، غۇلجا ۋە باشقا مۇھىم جايلارنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىشتا تارىختا ئۇنتۇلمايدىغان باتۇرلۇق كۆرسەتتى.

 4 ـ غۇلجا شەھىرىنىڭ ئازاد قىلىنىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى

نىلقىدا كۆتۈرۈلگەن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب خىتاي مۇستەملىكچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تاغلىق رايونلارغا جەلپ قىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، گومىنداڭچىلار غۇلجا شەھىرىدىكى قوراللىق قوزغىلاڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلالمايتتى. بۇ ئىنقىلابچىلار ئۈچۈن چوڭ پۇرسەت ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىدىكى «ئازادلىق تەشكىلاتى» غۇلجىدا قوراللىق قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن بىللە ، نىلقا تاغلىرىدا جەڭ قىلىۋاتقان پارتىزانلارنى تېز ئارىدا يېتىپ كېلىپ ، غۇلجا شەھىرىنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە قاتنىشىشقا بۇيرىدى. بۇ ۋاقىتتا پارتىزانلارنىڭ سانى جەمئىي 1500 دىن ئارتۇق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ رەسمىي قوراللانغانلىرى 500 گە يەتمەيتتى. قورال، ئوق - دورىلار يېتىشمەيتتى. لېكىن پارتىزانلارنىڭ ئىنقىلابىي روھى كۈچلۈك بولۇپ ، خىتايلارغا زەربە بېرىش ئىرادىسى ناھايىتى ئۈستۈن ئىدى. پارتىزانلار شتابى « ئازادلىق تەشكىلاتى»نىڭ يول - يورۇقى بويىچە غۇلجىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا پائال تەييارلىق قىلدى. پارتىزانلارنى يوقىتىش ئۈچۈن غۇلجىدىن چىققان خىتايلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ زەربە بېرىشكە بىر قىسىم كۈچنى ئاۋرالدا قالدۇرغاندىن باشقا، ئاساسلىق قىسىم ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ تايانچ پونكىتلىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ تاغ يوللىرى ئارقىلىق غۇلجىغا قاراپ ماڭدى.

نىلقا پارتىزانلىرى 6 - نويابىر كۈنى تاڭ سەھەردە غۇلجىغا ئاتلاندى. ئاساسەن ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان چوڭ ئەترەت غېنى باتۇر باشچىلىقىدا غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن، سېيىت باتۇر باشچىلىقىدىكى چوڭ ئەترەت غەربىي شىمالدىن، پاتىخ باتۇر رەھبەرلىكىدىكى چوڭ ئەترەت شەرقىي شىمال تەرەپتىن ھۇجۇم باشلىدى. ھەممىدىن بۇرۇن يېتىپ كەلگەن غېنى باتۇرنىڭ ئەترىتى 7 - نويابىر كۈنى تاڭ سەھەردە قارادۆڭدىكى خىتاي شۆبە ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننى يوقىتىپ بىر قىسىم قورال - ياراغ، ئوق - دورىلارنى غەنىيمەت ئالدى. تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىپ، مۇشۇ تۈرمىدە قامىلىپ ياتقان فاتىخ باتۇرنىڭ ئانىسى بىلەن بالا - چاقىسىنى قۇتۇلدۈرۇپ، ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتى.

7 - نويابىر كۈنى پارتىزانلارنىڭ قوماندانلىق شتابى «ئازادلىق تەشكىلات»نىڭ ھەربىي قوماندانلىق شتابى بىلەن ئالاقىلاشتى. قوماندانلىق شتاب تەركىبى ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ، رەخىمجان سابىرھاجىيېۋ، قاسىمجان قەمبەرى، ئالېكساندر، ماناپ بېكتەمىروۋ ۋە ماژاروۋلاردىن ئىبارەت ئىدى. «ئازادلىق تەشكىلات»نىڭ ھەربىي قوماندانلىق شتابى غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىشنى 10 - نويابىر كۈنىگە توختاتقان بولسىمۇ، دۈشمەن بۇنى بىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ۋاقتىنى ئالغا سۈرۈپ 7 - نويابىرغا تەيىنلىدى.

غۇلجىدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن تەڭلا تۇرپانيۈزى يېزىسىدا ئورۇنلاشقان پارتىزانلارنىڭ غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىشى قارار قىلىندى. بۇ ۋاقىتتا خىتايلارنىڭ ئاساسى كۈچى نىلقا، ئۇلاستاي، سۇلتان ئۇۋەيس مازىرى قاتارلىق جايلاردا بولۇپ، غۇلجا شەھەر ئىچىدە 128 - دېۋىزىيە 382 - پولكنىڭ ئىككى باتالىيونى، ئامانلىق ساقلاش 4 - پولكى قاتارلىق قىسىملار جايلاشقانىدى. لېكىن خىتاي ئەسكەرلىرى بىر مەركەزلىك جايدا بولماي تارقاق ئىدى. ئۇ ئىلى ۋىلايەتلىك ساقچى، تېرە زاۋۇتى، ھەرەمباغ، ئايدوروم، لەڭشاڭ قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشقانىدى.

7 - نويابىر كۈنى ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ بىلەن ئالېكساندر ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن تەشكىل قىلىنغان 60 نەپەر قوراللىق پارتىزاننى سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدىن (قورغاس - ئىيېنتال) ئۆتۈپ غۇلجىغا كېلىپ ساقچى ئىدارىسى، ئېلېكتر ئىستانسىسىغا ھۇجۇم باشلىدى. ئۇلار تېزلىكتە ۋالى مەھكىمە، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى، كەسپى شىركەت ئارىلىقىدىكى قاتناش يولىنى قامال قىلدى. نىلقا پارتىزانلىرىمۇ ئۇلارغا ماسلاشتى.

10- نويابىر كېچىدە پارتىزانلار قوماندانلىق شتابى پۈتۈن شەھەر بويىچە خىتاي قوشۇنلىرىغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم باشلاش بۇيرۇغىنى چۈشۈردى. ئەتىسى غۇلجا خەلقى قوزغىلاڭچىلارغا ئەگىشىپ ”ۋۇررا“، ”ئالغا!“، ”خىتاي باسقۇنچىلىرىنى يوقىتايلى!“ دېگەن شۇئارلار بىلەن ھۇجۇمغا كىرىشىپ كەتتى. دۈشمەن بىلەن بولغان شىددەتلىك جەڭ قاتتىق داۋام قىلدى. لېكىن گومىنداڭنىڭ شتابىنى تېزلا ئېلىشقا مۇمكىن بولمىدى. غېنى باتۇر، فاتىخ باتۇر، سېيىت، ئوسمان، نۇر باتۇرلار يېتەكچىلىكىدىكى نىلقا پارتىزانلىرى شەھەر خەلقى بىلەن بىرلىكتە گومىنداڭنىڭ باش شتابى قوروسىنىڭ ئىچىگە ئۈچ تەرەپتىن بېسىپ كىرىپ، شتابنى ئىشغال قىلدى. بۇ ئۇرۇشتا سېيىت باتۇر قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى. بۇ جەڭدىن كېيىن خىتايلارنىڭ روھى چۈشۈپ، ئۇلار چوڭ تەشۋىش ئىچىدە قالدى. بۇ جەڭ ئىنقىلابچىلارنىڭ بىرىنچى قېتىملىق چوڭ غەلىبىسىتى ئىدى. ئەمدى قوزغىلاڭچىلار ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە دۆلەت بانكىسىغا ھۇجۇم باشلىدى. ئۇلار ئېلېكتر ئىستانسىسىغا ئۈچ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدى. غېنى باتۇر باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار توغرا كۆۋرۈك، گىمنازىيە تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدى. جەڭ قاتتىق ئەۋج ئالدى. غېنى باتۇر جەڭچىلەرنى باشلاپ ”ۋۇررا“، ”ئالغا!“ دەپ ئېلېكتر ئىستانسىسىغا بېسىپ كىرىپ، بۇ يەرنى خىتايلاردىن تازىلىدى.

بۇ جەڭدىن كېيىن غېنى باتۇر ئەترىتى باش ساقچى ئىدارىسىغا ئىككى كۈن ھۇجۇم قىلىپ 12 - نويابىر كۈنى ئۇ يەرنى ئىشغال قىلدى. جەڭ بولۇۋاتقاندا باش ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گاۋ ۋېي تۈرمىدە ياتقانلارنى ئۆلتۈرۈپ ئۆزى كۈرەگە قېچىپ كەتكەنىدى. ساقچى ئىدارىسى ئىشغال قىلىنغاندا خىتاي جاللاتلىرى تېخى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ئۈلگىرەلمىگەن 300 دىن ئارتۇق كىشىنى ئازاد قىلدى. شۇنىڭ بىلەن غۇلجا شەھەر ئىچىدە خىتايلارنىڭ ئاساسى كۈچى يوق قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىي تايانچ پونكىتلىرى ئىنقىلابچىلار قولىغا ئۆتتى.

ئۇلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرى ھەرەمباغ، ئايدوروم، ئاۋىئاتسىيە تەلىم - تەربىيە ئەترىتى، لەڭشاڭ قاتارلىق جايلارغا تىقىلىپ قالغانىدى.

12 - نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز (ئۇ، قا، ق) كۇلۇبىدا تەنتەنىلىك چوڭ يىغىن ئېچىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. ھۆكۈمەت تەركىبى ۋە ھەيئەتلەر نامزاتلىرى 8 - نويابىر كۈنى «ئازادلىق تەشكىلاتى» رەھبەرلىك كومىتېت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ قارارلاشتۇرۇلغانىدى. قارارغا ئاساسەن «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى»دە ْ ئىچكى ئىشلار، تەپتىش، مالىيە، مائارىپ، سەھىيە، دىنى ئىشلار، ھەربىي نازارەتلىرى، ئالىي سوت، تەمىنات ئىدارىسى، ترانسپورت ئىدارىلىرى تەسىس قىلىندى. ھۆكۈمەت ئەزالىرى ئەلىخان تۆرە، ھاكىمبەك خوجا، ئابدۇكېرىم ئابباس، رەخىمجان سابىرھاجى، ئوبۇلخەيرى تۆرە ۋە موسكاليوۋ قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپتى.

ئەلىخان تۆرە - شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، ھاكىمبەك خوجا مۇئاۋىن رەئىس قىلىپ تەيىنلەندى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى تېگى يېشىل ئوتتۇرسىغا يېرىم ئاي ۋە يۇلتۇز شەكلى چۈشۈرۈلگەن، دەپ قارار قىلىندى. «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ 1944 - يىلى 13 - 14 - دېكابىر ۋە 1945 - يىلى 14 - يانۋار سانلىرىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ توققۇز ماددىلىق سىياسىي پروگراممىسى ئېلان قىلىنغانىدى.

پروگراممىدا ْ 1 - شەرقىي تۈركىستان تۇپرىغىدا خىتاي ئىستىبداتىنى يوق قىلىش؛

2 - شەرقىي تۈركىستان تۇپرىغىدا ياشاۋاتقان ھەرمىللەت خەلقلىرىنىڭ باراۋەرلىكىگە ئاساسلىنىپ، ھەقىقىي ئازاد، مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش؛

3 - مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇش؛

4 - دىنىي ئېتىقادقا ھۆرمەت قىلىش؛

5 - ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا خەلق سايلاپ چىقىش؛

6 - دۇنيا خەلقچىل ھۆكۈمەتلىرى، خۇسۇسەن يېقىن قوشنا بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇش؛

7 - مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش؛

8 - پوچتا - تېلېگراف، بانكا، ئورمانچىلىق، يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرى قاتارلىقلارنى دۆلەت قارىمىقىغا ئېلىش؛

9 - ئۇيغۇر يېزىقىنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت يىزىقى قىلىپ بېكىتىش؛

بۇ سىياسىي پروگراممىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت نۆۋەتتىكى ئاساسى ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1 - گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە ئاساسىنى قۇرۇش؛

2 - شەھەر - بازارلاردىكى ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛

3 - ھەرقايسى جايلاردا ئۇرۇش قىلىۋاتقان قوراللىق كۈچلەر ئۈچۈن مەركىزى قوماندانلىق تەشكىللەش؛

4 - غۇلجىدىكى قوماندانلىق شتابىنى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەربىي باش قوماندانلىق شتابى» دەپ بېكىتىش، خىتاي قوشۇنلىرى يەنىلا ھەرەمباغ، لەڭشاڭ ۋە ئايدروم قاتارلىق ئورۇنلارنى ئىگىلەپ يېتىپ، ئۈرۈمچىدىن ياردەم كۈتەتتى. سۈيدۇڭ، كۈرەلەردە خىتاينىڭ ھەربىي چېرىكلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن باش قوماندانلىق شتاب تۆۋەندىكى ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1 - گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى 1944 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىلى ۋىلايىتى تەۋەسىدە يوقىتىش؛

2 - ئاچال، كەڭسايلاردا مۇداپىئە خىزمىتىنى كۈچەيتىش؛

3 - ھەرقايسى جايلاردا ئۇرۇش قىلىۋاتقان پارتىزان ئەترەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەرتىپكە سېلىش؛

4 - گومىنداڭنىڭ غۇلجىغا ياردەمگە ئەسكەر ئەۋەتىشىگە يول قويماسلىق؛

5 - رازۋېدكا خىزمىتىنى كۈچلەندۈرۈپ، يەرلىك خەلقنى خىتاي باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش؛

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلى ئەتراپىدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى ئۆز جايىدا يوق قىلىش پىلانلاشتۇرۇلدى.

 5 ـ ئىنقىلابنىڭ 1944 - 1945 - يىللاردىكى غەلىبىلىك يۈرۈشلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى

ئىنقىلابچىلارنىڭ ئومۇمى ھەرىكىتى ئۇتۇقلۇق داۋام قىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە خىتايلارنىڭ ئاساسى ھەربىي كۈچلىرى ھەرەمباغ، لەڭشاڭ، ئايدروملارنى بازا قىلىپ، كۈچلۈك مۇداپىئە كۆردى. ئىنقىلابى ھەرىكەت ئىلى ۋىلايىتىنىڭ بارلىق ناھىيەلىرىدە ئەۋج ئالدى. قورشاۋدىكى دۈشمەنگە تاشقىرىدىن ياردەم كېلىدىغان داۋان يوللىرى پارتىزان ئەترەتلىرى تەرىپىدىن جىددى قامال قىلىندى. 12 - نويابىردىن باشلاپ ف. لېسكىن پارتىزانلىرى لوسېگۇڭنى مۇداپىئە قىلغانىدى. دېكابىردا موگوتنوۋ پارتىزان ئەترەتلىرى سۈيدۈڭنى قورشىدى. 23 - دېكابىر كۈنى غېنى باتۇر ئەترىتى داشىگۈر ئارقىلىق ئاقبايتال داۋانىدىن ئېشىپ ئارشاڭنى قورشاۋغا ئالدى ۋە ئىردەنىڭ مۇڭغۇل دېۋىزىئونى بىلەن بىرلىكتە ئارشاڭ ناھىيە بازىرىنى ئازاد قىلدى. پولېنوۋنىڭ پارتىزانلىرى كەڭسايغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلدى. كەڭساي، ئاچال، كۆكچىن، قوشئەمچەك داۋانلىرى دۈشمەننىڭ ھەربىي قىسىم كۈچلىرىنىڭ ئۆتىدىغان جايى ئىدى. بۇ جايلار سوۋېتتىن كەلگەن دوستجانوۋ، ئېلىيېۋ، مەۋلانوۋ قاتارلىق ھەربىي كوماندىرلار پارتىزانلىرى تەرىپىدىن مۇداپىئە قىلىندى.

بۇ كۈنلەردە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ بارلىق ناھىيەلىرىدە پارتىزان ئەترەتلىرى تەشكىل قىلىنىپ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلگەنىدى. 29 - دېكابىردا ئىسھاقبېك پارتىزانلىرى دۈشمەن پونكىتى بولغان كۈرەنى مۇھاسىرىغا ئېلىپ 31 - دېكابىردا ئۇنى ئازاد قىلدى.

1945 - يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرلىرىدا ھەرەمباغ، لەڭشاڭلارغا قاتتىق ھۇجۇم باشلىنىپ، 30 - يانۋار كۈنى ئىشغال قىلىندى. غۇلجا شەھىرىنىڭ ئىچى دۈشمەندىن تازىلاندى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن 1945 - يىلى 8 - ئاپرېل كۈنى بۇرۇنقى پارتىزان ئەترەتلىرى ئاساسىدا مۇنتىزم مىللىي ئارمىيە تەشكىل قىلىندى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەھەرنىڭ غەربىي قىسمىدىكى مەيداندا 10 مىڭلىغان ئادەمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تەنتەنىلىك ھالدا مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىغا تۇغ تاپشۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى ۋە ھەربىي پارات بولدى. ھۆكۈمەت قارارىغا ئاساسەن مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى بولۇپ، مارشال ئۇنۋانى بىلەن ھۆكۈمەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە تەيىنلەندى. دەسلەپتە ھەربىي ئىشلارنى گېنېرال پولېنوۋ باشقۇردى. شتاب باشلىقى ماژاروۋ بولدى. كېيىنرەك گېنېرال - لېيتېنانت ئىسھاقبېك، ئورۇنباسارى گېنېرال - مايور دەلىلخان، پولكوۋنىك زۇنۇن تېيىپ بولدى. ئارمىيىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىنىمۇ ئەلىخان تۆرە ئۈستىگە ئالدى.

مىللىي ئارمىيىنىڭ پاگونى، كىيىمى، بايرىقى، ئوردېن - مېداللىرى بەلگىلەندى. ھەربىي قوماندانلىق شتاب قۇرۇلدى. مىللىي ئارمىيىنىڭ تەركىبى غۇلجا پولكى، كەڭساي، تېكەس ۋە سۈيدۈڭ ئاتلىق پولكلىرى، ئارتىللېرىيا دېۋىزىئونى، مۇڭغۇل دېۋىزىئونى قاتارلىق بىر قانچە قىسىملاردىن تەركىب تاپتى. نۆۋەتتىكى ھۇجۇم يۆنىلىشى بەلگىلەندى. ئۇلار ئوتتۇرا يۆنىلىش قوماندانى گېنېرال - لېيتېنانت پولېنوۋ، مۇئاۋىنى پولكوۋنىك زۇنۇن تېيىپوۋ، جەنۇبىي يۆنىلىش  قوماندانى گېنېرال ـ لېيتېنانت ئىسھاقبېك مومىنوۋ، شىمالىي يۆنىلىشكە دەلىلخان ۋە پولكوۋنىك لېسكىنلار تەيىنلەندى.

سۈيدۈڭ ئاتلىق پولكى موگوتنوۋ باشچىلىقىدا سىمپتوزا، ئۇزۇن بۇلاقلارنى ئېلىپ، 3 - سېنتەبىر كۈنى چىلپەڭزىنى ئىشغال قىلدى. ئاندىن كېيىن شىخونى قورشاۋغا ئالدى. ئۇنىڭ قىسىمىغا 6 - قازاق پولكى، مۇڭغۇل دېۋىزىئونى ۋە ئابلاخان ئەترىتى ماسلاشتى. لېسكىننىڭ كەڭساي 3 - ئاتلىق پولكىغا تېكەس ئاتلىق بېرىگادىسىنىڭ تۇڭگان پولكى، شىۋە ئېسكادرونى ۋە 4 - پولكنىڭ بىرىنچى باتاليونى ماسلىشىپ ھۇجۇم يۈرىشىنى داۋام قىلدى. ئۇلار مايلى ۋە چۆچەكتىكى پارتىزانلار بىلەن بىرلىشىپ تۈگمەننى 29 - ئىيۇندا، دۆربىلجىن ۋە چۆچەكنى 31 - ئىيۇندا ئىشغال قىلدى. لېسكىن يەرلىك پىدائىلار ھېسابىغا پولكنى بېرىگادىغا ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ ئالتايغا ئاتلاندى.

دەلىلخان سۇگۇربايېۋ 1944 - يىلى ياز ئايلىرىدا ئالتايدا پارتىزان ئەترىتىنى تەشكىللەپ ھەرىكەت قىلغانىدى. لېسكىن ئۇنىڭ ئەترىتى ھىمايىسىدا ھۇجۇم باشلاپ ئىيۇل ۋە ئاۋغۇست ئايلىرىدا بورچىننى ئاندىن سارسۈمبىنى ئازاد قىلدى. لېسكىن ئالتايدا دەلىلخاننى قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بېرىگادىسى بىلەن ماناس دەرياسى بويىغا كېلىپ ئۇ جاينى قامال قىلدى. شىخوغا موگوتنوۋنىڭ ھۇجۇمى، سۈيدۈڭ پولكى، 6 - قازاق پولكى، مۇڭغۇل دېۋىزىئونى ماسلىشىشىدا بولدى. شۇ كۈنى جىڭ ھەم ئازاد بولدى.

جەنۇبىي يۆنىلىش قوماندانى ئىسھاقبېك قەشقەر، ئۇلۇغچاتقا يۈرۈشكە ئاتلاندى. غۇلجىدىن قاسىمجان قەمبەرى، ئابدۇكېرىم ئابباسۇۋلار رەھبەرلىكىدە ئاتلانغان سوپاخۇننىڭ تېكەس پولكىغا مىرزىگۈل ناسىروۋنىڭ مەخسۇس دېۋىزىئونى ماسلاشتى. ئۇلار داۋان ئېشىپ باي ناھىيىسىنى، ئاندىن كونا ئاقسۇنى ئىشغال قىلدى. ئاقسۇ شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلىپ قاتتىق ھۇجۇم باشلىغان پەيتلەردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن پۈتۈن فرونت لىنىيىسىدە بىر كۈننىڭ ئىچىدە مىللىي ئارمىيىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇملىرىغا قەتئىي چەك قويۇلدى. بۇ ھەرىكەت - ستالىننىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە نىسبەتەن قىلغان چوڭ خائىنلىقى ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىسى زامانىۋى سەۋىيىلىك مۇنتىزم ئارمىيە ئىدى. بۇ ئارمىيە بارلىق يۈرۈشلەردە خىتاي باسقۇنچى ئارمىيىسىنى تارمار قىلىپلا قالماستىن تەرتىپ ، ئىنتىزام، ئاڭ - سەۋىيە ۋە ھەربىي سۈپەتلىرى جەھەتتىنمۇ سېلىشتۇرغۇچى دەرىجىدە ئۈستۈن تۇراتتى. بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر مىسال كەلتۈرەيلى ْ 1950 - يىلى 10 - يانۋار كۈنى (شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئوككۇپاتسىيە قىلغاندىن كېيىن) ئۈرۈمچى شەھىرىدە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ھەربىي پاراتى بولغانىدى. خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى ئوپۇر - توپۇر، قالايمىقان ھالدا پاراتتىن ئۆتكەن بولدى. مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى بولسا ياخشى كىيىنگەن ۋە ياخشى ئۆگىتىلگەن بولغانلىقتىن ناھايىتى ھەيۋەتلىك تۈردە تەكشى قەدەملەر بىلەن مېڭىپ پاراتتىن ئۆتتى. مۇنبەردە پاراتنى قوبۇل قىلىۋاتقان رەھبەرلەرنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ شۇ چاغدىكى مۇداپىئە مىنىستىرى مارشال پېڭ دې خۇۋەيمۇ بار ئىدى. مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەيۋەتلىك پاراتىنى كۆرۈپ پىڭ دې خۇۋەي سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ قولى بىلەن كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

”مانا بۇنى ھەقىقىي ئارمىيە دېسە بولىدۇ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ (خىتاينىڭ) مۇنچىلىك بولۇشى ئۈچۈن يەنە 50 يىل كېرەك“ دەپ خىتاپ قىلغانىدى.

 6 ـ «11 ماددىلىق بىتىم»نىڭ ئىمزالىنىشى

1945 - يىلى سېنتەبىردە مىللىي ئارمىيە قوراللىق كۈچلىرى ماناس ۋە ساۋەننى ئىشغال قىلىپ، ئۈرۈمچىگە تەھدىد سېلىۋاتقان ۋاقىتتا خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ قورال كۈچى بىلەن خەلقنى بېسىقتۇرۇش چارىلىرىنىڭ ئۈنۈم بەرمەي، مەغلۇب بولىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىپ قالغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ پۈتۈنلەي بىت - چىت بولۇپ كېتىش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ كېتىش ئۈچۈن «شىنجاڭ مەسىلىسىنى» تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش ھەققىدە تەكلىپ قويۇشقا مەجبۇر بولدى.

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىمۇ شەرقىي تۈركىستاندا تىنچلىق، دېموكراتىك شارائىت يارىتىش ئۈچۈن كۆرۈشۈشنى قۇۋۋەتلەپ، تىنچلىق سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈشنى ياقلىدى.

تىنچلىق مۇزاكىرىسى ئۆتكۈزۈشكە رەخىمجان سابىرھاجى باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت ۋەكىللىررى ئۈرۈمچىگە باردى. لېكىن دەسلەپكى مۇزاكىرىلەردىن ھېچ نەتىجە چىقمىدى. ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈرۈمچىگە ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن بەلگىلىگەن ۋەكىللىرى كېلىپ، گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق مۇزاكىرىسىنى باشلىدى. سۆھبەت ئۈستىدە كەسكىن كۈرەش ئۈچ ئاي داۋام قىلدى. خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرە «ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، بىرلىك» مەسىلىلەردىن ئىبارەت بولدى. گومىنداڭ ۋەكىلى جاڭ جى جۇڭ ئاۋۋال «تىنچلىق ۋە بىرلىك» ئاندىن «ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە» دېگەن نەرسىدە قاتتىق تۇرۇۋالدى. ئۇلارنىڭ پىلانى ئالدى بىلەن ئۇرۇشنى توختىتىپ، قوزغىلاڭچىلارنى قورالسىزلاندۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مۇشۇ شەرت ئاساسىدا ئەركىنلىك، دېموكراتىيە دېگەن نەرسە ئۈستىدە سۆز باشلاش ئىدى.

ئۆتكۈر سىياسەتچى ئە. قاسىمى سۆھبەت جەريانىدا گومىنداڭنىڭ مۇشۇ ھىلىگەرلىك بىلەن قىلىۋاتقان سۈيىقەستلىكىنى پاش قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلدى. شۇنداق قىلىپ 1946 - يىلى 2 - يانۋار كۈنى ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى «11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىم»غا ئىمزا قويدى. بۇ كېلىشىم بويىچە:

1 - ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەركىبىنى قايتا سايلاپ، يەرلىك مىللەتلەر ۋەكىللىرىنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇش، شۇنىڭدەك يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنى خەلق تەرىپىدىن سايلاش؛

2 - ھۆكۈمەت دىنى كەمسىتىشنى بىكار قىلىش ھەمدە خەلققە تولۇق دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بېرىش؛

3 - دۆلەتنىڭ مەمۇرى ئورگانلىرى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ خەت ئالاقىلىرىدا خىتاي يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقى تەڭ قوللىنىلىدۇ؛

4 - باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدا دەرس ئۆتىلىدۇ. ئالىي ئوقۇش جايلىرىدا ئوقۇتۇش زۆرۈرىيىتىگە قاراپ دەرس ئۆتۈشتە خىتايچە بىلەن ئۇيغۇرچە تەڭ قوللىنىلىدۇ؛

5 - ھۆكۈمەت مىللىي مەدەنىيەت بىلەن سەنئەتنى ئەركىن راۋاجلاندۇرۇشنى بەلگىلەيدۇ؛

6 - ھۆكۈمەت مەتبۇئات، يىغىن ئۆتكۈزۈش ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى بەلگىلەيدۇ؛

7 - ھۆكۈمەت باج نىسبىتىنى خەلقنىڭ ئەمەلىي ئىشلەپ چىقىرىش كۈچى ھەمدە ئۇلارنىڭ قۇدرىتىگە قاراپ بەلگىلەيدۇ؛

8 - ھۆكۈمەت سودىگەرلەرگە ئىچكى - تاشقى سودا ئەركىنلىكىنى بېرىدۇ؛

9 - بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەركىبىگە ئۇيغۇرلاردىن 15 كىشى ۋە باشقا مىللەتلەردىن 10 كىشى كىرىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن؛

10 - مىللىي ئارمىيە قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ مۇسۇلمانلاردىن تولۇقلاش پرىنسىپ قىلىنىشى شەرت. بۇ ئارمىيە بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭغا قاتناشقان ئارمىيە تەرىپىدىن دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ تۈزۈلۈشىگە قاراپ ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنىدۇ. بۇ ئارمىيىنىڭ ئادەم سانى ۋە تۇرار جايى ئايرىم مۇزاكىرە قىلىنىپ قوشۇمچە ھۆججەتنىڭ ئىككىنچىسى قىلىنىپ ئىمزالانغاندىن كېيىن، كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئارمىيىنىڭ مەشىق ۋە بۇيرۇقىلىرىدا ئۇيغۇر، قازاق تىل - يېزىقلىرىنى قوللىنىش پرىنسىپ قىلىنىدۇ. بۇ ئارمىيىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئوفېتسىرلار بۇرۇنقى مەنسىپىنى ساقلاپ قېلىش ئۇسۇلى بىلەن مۇددەت بويىچە ئوفىتسېرلار مەكتىپىگە ئەۋەتىلىپ، ئوفىتسېرلىك بىلىمىنى تولۇقلايدۇ. ئۆلكىدە تۇرۇشلۇق مەركەز ئارمىيىسى بۇ ئارمىيە بىلەن بىر يەردە تۇرمايدۇ ھەمدە ئۆزئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلايدۇ. بىر - بىرى بىلەن ئۆچەكىشىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ؛

11 - ۋەقە يۈز بەرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىككى تەرەپ قولغا ئالغان زاتلار ۋەقە ھەل قىلىنغاندىن كېيىنكى 10 كۈن ئىچىدە قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق باھانە - سەۋەبلەر بىلەن كەمسىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

تىنچلىق كېلىشىمى بويىچە 1946 - يىلى 18 - ئىيۇن كۈنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلى رەھبەرلىكى ئۆزگەرتىلىپ، بىرلەشكەن ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. رەئىس جاڭ جى جۇڭ بولدى ۋە شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى ئە. قاسىمى ۋە بۇرھان شەھىدىلەر ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باش كاتىبىنىڭ مۇئاۋىنى بولدى.

رەخىمجان سابىرھاجى - ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا - قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ نازىرى، سەيپىدىن ئەزىزى ـ مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى، دەلىلخان ـ سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئەلىخان تۆرە ـ ھۆكۈمەت ئەزاسى قوشۇمچە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى، ئوسمان باتۇر ـ ھۆكۈمەت ئەزاسى قوشۇمچە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم ـ ھۆكۈمەت ئەزاسى قوشۇمچە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى، ئىسھاقبېك ـ ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە ئۆلكىلىك ئامانلىقنى ساقلاش شتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، ئەيسا ئەپەندى ـ ھۆكۈمەت ئەزاسى بولۇپ سايلانغانىدى.

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ۋەكىللەر بىلەن خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى «11 ماددىلىق بىتىم» ئىمزالانغاندىن كېيىن ھەرەمباغ، جىڭ، شىخو، ئالتاي، چۆچەكلەردە ئەسىرگە چۈشكەن بىر قانچە مىڭ گومىنداڭ ئەسكەرلىرى شۇنىڭ ئىچىدە گېنېراللار، پولكوۋنىكلار، ئوتتۇرا ۋە كىچىك ئوفىتسېرلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇلدى. ئەمما مىللىي ئارمىيىدىن خىتايلارغا ئەسىرگە چۈشكىنى يوق ئىدى. بۇ ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلگەن خىتاي ئەسىرلەىرى ئورنىغا ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە قىينىلىپ، ئازاب چېكىپ ياتقان 200 دىن ئارتۇق ھەرمىللەت مەھبۇسلىرى ئازاد قىلىنىپ قايتۇرۇپ ئېلىندى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىنىپ ۋە ئۇرۇش توختىغان ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئىچكى خىتايدىن ئەسكەر كەلتۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ھەربىي ئەسىرلەرنى ئىغۋاگەرلىك بىلەن ئۇيۇشتۇرۇپ، يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدىكى تەرەققىپەرۋەر زىيالىيلارنى ئومۇميۈزلۈك قاماققا ئېلىپ تۈرمىلارغا تاشلىدى.

1947 - يىلى ئەتىيازدا خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاد رايونلىرىغا ھۇجۇم باشلاپ «11 ماددىلىق بىتىم»نى يىرتىپ تاشلىدى. ئەخمەتجان قاسىمى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى تەكلىپى بويىچە گومىنداڭنىڭ تىنچلىق كېلىشىمىنى بۇزۇش يولىدىكى سۈيقەستلىك ھەرىكىتى بىلەن قەتئى كۈرەش ئېلىپ باردى. خىتاي ئەكسىيەتچىلىرى يەتتە ۋىلايەتتە سايلام يۈرگۈزۈش ۋاقتىدا خەلققە قارشى ئۇرۇش، قاماش، ئۆلتۈرۈش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق خەلققە قارشى سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقنىڭ قاتتىق نارازلىقىنى قوزغىدى. ئە. قاسىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتكە، بولۇپمۇ يەتتە ۋىلايەتتىكى كۆپچىلىك خەلقنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، تىنچلىق ۋە بىرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش يۆنىلىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ چوڭ ئۇتۇقلار قازاندى. ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلارغا قارشى «ئىتتىپاق» مىللىي بىرلىكسېپىنى شەكىللەندۈردى. نەتىجىدە توغرىدىن - توغرا قوراللىق كۈرەشتىن تېخىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر سىياسى - ئىدىيىۋى كۈرەشكە ئۆتتى.

 7 ـ 1944 ـ 1949 ـ يىللاردان شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ مەغلۇب بولۇشى ۋە شەرقىي تۈركىستان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ يوقىتىلىشىنىڭ ئاساسى سەۋەبلىرى

1944 - 1949 - يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب دەسلەپتە غەلىبە قازانغان بولسىمۇ، بىراق ئاخىرىدا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقانىدى. بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلىرى ھەم بار. بۇ توغرۇلۇق ھازىرغىچە ھەر تۈرلۈك كۆزقاراشلار ھەم مەۋجۇت. بىز بۇ توغرۇلۇق ئامېرىكا جورجىيا پەن ئىنستىتۇتى سىياسەت ئىلمىنىڭ پروفېسسورى جون. ۋ. گارۋېرنىڭ «رەقىبلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار» ناملىق كىتابىدا يېزىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرى توغرۇلۇق توختىلىپ ئۆتەيلى ْ

پۈتۈن دۇنياغا مەلۇمكى، 1945 - يىلى 4 - فېۋرالدىن 11 - فېۋرالغىچە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى يالتىدا نېمىس فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۈچ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى (ستالىن، رۇزۋېلت، چېرچىل) «يالتا كېلىشىم»نى ئىمزالىغانىدى. بۇ كېلىشىمنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلىدۇ ْ «يىغىن قاتناشچىلىرى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خىتاينىڭ بىر پۈتۈن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دېموكراتىك دۆلەت بولۇپ قېلىشىنى قۇۋەتلەيدۇ.»

1945 - يىلى 28 - ماي كۈنى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خېرلى ئامېرىكا پرېزدېنتى ترۇمېننىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە جاڭكەيشىگە بىرنەچچە ھۆججەتنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. (بۇ ھۆججەتلەر ئامېرىكا پرېزدېنتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى خوپجىنس موسكۋادا ستالىن بىلەن ئۇچراشقان چاغدا ستالىن ئۆز ئۈستىگە ئالغان كاپالەتنامە ئىدى) بۇ ھۆججەتتە ستالىن خىتاينىڭ جاڭ كەيشى رەھبەرلىكىدە بىرلىككە كەلگەن قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇشنى بار كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ھۆججەتتە ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن ْ «سوۋېت ھۆكۈمىتى جاڭ كەيشى جانابلىرى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ شىنجاڭغا ۋە مانجۇرىيىگە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقى توغرىسىدىكى باياناتىغا قوشۇلىدۇ.»

دېمەك مۇشۇ كېلىشىم ئاساسىدا 1945 - يىلى 13 - ئاۋغۇست كۈنى «سوۋېت ـ خىتاي دوستلۇق، ئىتتىپاتلىق شەرتنامىسى» موسكۋا شەھىرىدە ئىمزالاندى. شەرتنامىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى مۇڭغۇلىيىنىڭ دۆلەت مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. سوۋېت ھۆكۈمىتى بولسا، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ۋاقىئەلەرنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ تونىيدۇ ۋە ئارىلاشمايدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن. خىتاي تاشقى مۇڭغۇلدىن ئىبارەت ھالقىلىق مەسىلىدە يول قويغان بولسىمۇ، سىتالىن يەنە باشقا بەزى زور مەسىلىلەردىمۇ خىتايغا ۋەدە بېرىشنى ئويلايتتى. خىتاي ۋەكىلى سۇڭ زېۋىن ستالىندىن ”سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭدىكى ئىسىياننى باستۇرۇشقا قانداق ياردەم قىلىدۇ“ دەپ سورىغاندا ستالىن تەكلىپ بېرىپ ”سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنى شىنجاڭغا كىرگۈزسەك بولىدۇ“ دەپ جاۋاب بەرگەن. («رەقىبلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار» ئۇيغۇرچە نەشرى 534 - 535 - بەتلەر) بىزگە ئېنىق بولدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ستالىن باشلىق سوۋېت ۋە خىتاي ئىمپېرىيالىستلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن يوق قىلىندى. خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا ْ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە خىتاي ۋە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتى تۆۋەندىكىچە بولغان. سوۋېت ۋە خىتاي ئىمپېرىيالىستلىرى ئۆزئارا كېلىشىپ، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى تىزگىنلەپ تۇرۇپ، «11 ماددىلىق بىتىم»نى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئۇنى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىگە تاڭدى. بۇ «بىتىم» گومىنداڭچى خىتايلار ئۈچۈن بەك قۇلايلىق بولۇپ، ۋاقىتنى ئۇتۇش، ئىچكىرى خىتايدىن كۆپلەپ ئەسكەر يۆتكەش، ئۈرۈمچىگە مىللىي ئارمىيىنى ھەر قانداق ئۇسۇللار بىلەن كىرگۈزمەسلىك، پايدىلىق مەلۇم شارائىت تۇغۇلغاندا مىللىي ئىنقىلابنى قانغا بوياپ بېسىش بولدى.

ماۋ زېدۇڭ باشلىق خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى «خىتاي ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى» دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مۇستەقىل مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى ھەم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىل ھايات كەچۈرۈشىگە قارشى تۇردى. موسكۋا ـ بېيجىڭ بىرلەشكەن ھالدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق رەھبەرلىرىنى جىسمانىي جەھەتتە يوق قىلىپ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دېموكراتىك دۆلىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئەزىز شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى كوممۇنىستىك خىتايغا قوشتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى چوڭ ئىمپېرىيە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىشىغا يول قويمىدى.

مەركىزى ئاسىيادىكى ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىگەن سوۋېت ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋە ئۇنىڭ قانۇنلۇق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك تۇتقان سىياسىتى رۇس پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ئوخشاش دېگىدەك بولدى.

مەلۇمكى 1871 - يىلى رۇس پادىشاھ ھۆكۈمىتى غۇلجا شەھىرىگە ئەسكەر كىرگۈزۈپ، مۇستەقىل ئىلى ئۇيغۇر سۇلتانلىقىنى يوقاتتى. ئۇنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، خەلقئارالىق ژاندارما رولىنى ئوينىغان. 10 يىلدىن كېيىن (1881 - يىلى) بۇ يەرنى تاجاۋۇزچى رۇس پادىشاھ ھۆكۈمىتى خىتاي باسقۇنچىلىرىغا قايتۇرۇپ بېرىۋەتكەنىدى.

1944 - يىلى ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ گومىنداڭچى خىتاي باسقۇنچىلىرىغا قارشى قوزغىلىشقا دەۋەت قىلدى ۋە ھەر تەرەپلىمە ياردەم بەردى. ئەمما سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇ يەردە مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى خالىمىدى. 1949 - يىلى مۇستەقىل قانۇنلۇق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بېسىۋېلىشىغا ياردەم قىلدى.

944 - 1949 - يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم شارائىتنىڭ تۇغۇلۇشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى. ئىنقىلابنىڭ ساۋاقلىرى بىكارغا كەتمىدى، ئەلۋەتتە. ئۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەشكە دەۋەت قىلىپ كەلدى ۋە كېىلىۋاتىدۇ. بۇ كۈرەش ھەرگىز توختىمايدۇ!

 

باش بەت

aturan2003@yahoo.com

بارلىق نەشر ھوقۇقى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىغا ئائىت

 All Rights Reserved Taklamakan Uyghur Publishing 2007 --- 2009 http://www.uyghurweb.net