|
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي كوممۇنىست قىزىل تېررورىغا قارشى
كۈرەشلىرى
شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي باسقۇنچىلىرىغا ھېچقاچان باش ئەككىنى يوق.
خەلقىمىز خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمدارلىقىغا قارشى نەچچە يۈزلەرچە قېتىم
قوزغالدى. 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ
كىرگەندىن تا بۈگۈنكى كۈنگىچە 54 يىل جەريانىدا 300 قېتىمدىن ئارتۇق
قوراللىق ۋە سىياسى كۈرەشلەر بولۇپ ئۆتتى. مەسىلەن، 1950 - يىلى 30 -
يانۋار كۈنى قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئاراتۈرك ناھىيىسىدە ناسىر ۋە ئابدۇللا
باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر پارتىزانلىرى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئالدىنى توسۇپ ھۇجۇم
قىلدى. بۇ بىر كۈنلۈك جەڭدە نۇرغۇن خىتاي ئەسكەرلىرى ئۆلتۈرۈلدى. كېيىنرەك
بۇ كۈرەشكە ئالتايدىكى ئوسمان باتۇر قىسىملىرى كېلىپ قوشۇلۇپ، بۇ جەڭگە
ئوسمان باتۇر باش قوماندانلىق قىلدى. 15 مىڭدىن ئارتۇق پارتىزانلار
باسقۇنچىلارنىڭ كۆپ ئەسكەرلىرىنى يوق قىلدى. خىتايلارغا چوڭ تەھدىد سالدى.
بۇ ئۇرۇشتا نۇرغۇن قوزغىلاڭچىلار قەھرىمانلارچە شەھىد بولدى. 1951 - يىلى 2
- ماي كۈنى ئوسمان باتۇر ئۈرۈمچى شەھىرىدە خىتايلار تەرىپىدىن ئېتىپ
ئۆلتۈرۈلدى.
1950
- يىلى يانۋاردا ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي تېغىدا ئۇيۇشقان 2000 دىن ئارتۇق
قوراللىق ئاتلىق پارتىزانلار سىدىق زالىڭ، ئورازباي، ۋەلى رەھبەرلىكىدە
قۇمۇلدىكى جەڭگە ماسلىشىپ خىتاي ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ زەربە بەردى.
ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش سىياسى پروگراممىسىنى ئېلان
قىلىپ، خىتايلارنىڭ ئالدامچىلىق سىياسىتىگە باش ئەگمىدى. ئۇلار ئۈرۈمچىگە
قاتتىق تەھدىد سالدى. پىدائىلار بۇ ئۇرۇشنى 1950 - يىلى دېكابىرغىچە داۋام
قىلغان بولسىمۇ، كۆپ قۇربانلار بېرىپ، چېكىنىپ مەلۇم قىسمى چەتئەللەرگە
چىقىپ كېتىپ ۋەتەن داۋاسىنى داۋاملاشتۇردى.
1951
- يىلى غۇلجا شەھىرىگە توپلانغان 51 نەپەر زىيالىيلار «51 چىلەر» قۇرۇلتاي
ئېچىپ خىتاي مۇستەملىكچىلىرىدىن دېموكراتىك ئۇسۇلدا مۇستەقىللىق تەلەپ
قىلدى. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بايانات تاپشۇردى. ئۇلار پۈتۈن شەرقىي
تۈركىستاندىكى زىيالىيلارغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتايلارنىڭ
ئالدامچىلىقىنى پاش قىلدى ۋە مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ قوراللىق كۈرەشكە
ھازىرلىنىشىنى تەلەپ قىلدى. خىتاي دائىرلىرى بۇ تەلەپكە قارىتا ئالدامچىلىق
ۋە قانلىق قىرغىنچىلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، نۇرغۇنلىغان زىيالىيلارنى
تۈرمىلەرگە قاماپ ۋە سۈرگۈن قىلىپ يوق قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى 1951 - يىلدىن باشلاپلا خىتايلارنىڭ ئالدامچىلىق
ھېيلە - نەيرەڭلىرىنى ياخشى چۈشىنىشكە باشلىدى. مىللىي ئارمىيىنىڭ تۈرلۈك
سەۋەبلەر بىلەن تارقىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن خەلق غەزەبلىنىپ خىتايغا
قارشى قوزغىلىشقا باشلىدى. مىللىي ئارمىيىدىن قايتىپ بارغان جەڭچى -
ئوفىتسېرلار ھەرىكەتكە كېلىپ قوزغىلىشقا باشلىدى. ئىلىدا مىللىي ئارمىيە
ئوفىتسېرلىرىدىن ياقۇپ راخمانوۋ، مالىگاجدار، ئىدرىسلار قوراللىق قوزغالدى.
بۇ ھەرىكەت جاللات ۋاڭ جېننىڭ ئومۇميۈزلۈك قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىدى.
1951
- يىلى 12 - نويابىر كۈنى ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئابدۇل ئەزىز داموللام
(چىڭغىزخان)، قۇربان قوداي، سېيىت ئەخمەت خوجا، ئابدۇللا سەمەدى، ھامۇت
ھاجى، نۇربەك، پاشابەك، جانىمقان قاتارلىق 350 تىن ئارتۇق ۋەتەنپەرۋەرلەر
ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. 2000 دىن ئارتۇق كىشى قاماققا ئېلىنىپ
تۈرمىلەردە ئازابلاندى. غۇلجىدا پولكوۋنىك ئابدۇغوپۇر سابىر ھاجىيېۋ،
پولكوۋنىك قۇربانجان، ئىلدىرىم مەسئۇت، ياقۇب راخمانوۋ، سۈيدۈڭدە ئىدرىس،
سېيىت ھاجى، قازىباي، بەكرى غازى، ھوشۇرمەت، شىخودىن نەسىردىن ھاكىم
قاتارلىقلار بولۇپ 20 مىڭدىن ئارتۇق ۋەتەنپەرۋەرلەر، زىيالىيلار، دىنى
زاتلار ۋە جەڭچى ئوفىتسېرلار ئۆلتۈرۈلدى. نەچچە ئون مىڭلىغان بىگۇناھ
كىشىلەر قاماققا ئېلىنىپ تۈرمىلەرگە، جازا لاگىرلىرىغا تاشلاندى. غۇلجا
شەھىرىدىكى ئىستراھەت بېغىدا خىتاي باسقۇنچىلىرى نەچچە مىڭلىغان خەلقنى
مەجبۇرى يىغىپ «پانتۈركىستلار ئۈستىدە ئوچۇق سوت» قىلىش كومپانىيەسىنى
ئۇيۇشتۇرۇپ راخمانوۋ ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى سوتلىدى. راخمانوۋ
خىتايلارنىڭ قاتتىق نازارىتىغا قارىماي خەلققە قارىتىپ ئۆلۈم ئالدىدا ْ«ھەي
مېنىڭ مەزلۇم خەلقىم مەن ئۆلۈمدىن قورقمايمەن سىلەر بىلىپ قويۇڭلاركى! بۇ
خىتاي باسقۇنچىلىرى ھەر تۈرلۈك ھىيلە - نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىپ بىزنىڭ ئەزىز
ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالدى. بۇلارنىڭ مەقسىتى مىللىتىمىزنى خىتايلاشتۇرۇپ قۇل
قىلماقچى. سىلەر ھەرگىز بۇ باسقۇنچىلارغا باش ئەگمەڭلار!» دېگەنىدى.
1952
- يىلدىن باشلاپ جاللات ۋاڭ جېن «يەر ئىسلاھاتى»، «زومىگەرلەرنى
بېسىقتۇرۇش» نىقابى بىلەن ناھىيە - يېزىلاردا قانلىق قىرغىنچىلىقلارنى
ئېلىپ باردى. خەلق ئىچىدە ئابرۇيى بار يۇرت مۆتىۋەرلىرى، زىيالىيلار ۋە
مىللىي ئارمىيىدىن قايتقان جەڭچى ئوفىتسېرلار تۈرلۈك باھانە ۋە تۆھمەتلەر
بىلەن خەلق ئالدىدا ئاشكارا ئېتىپ تاشلاندى. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ
سانى 200000 دىن ئېشىپ كەتتى. چىڭگىز داموللام، ئەسەدۇللا داموللام
قاتارلىق كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەرلەر ئۆلتۈرۈلدى.
1955
- يىلى خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ ئارتۇش، ئۇلۇغچات شۆبىلىرى مەركەزنىڭ
تاپشۇرۇقىغا ئاساسەن خەلقنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەشكىللىدى. مىللىي
ئارمىيىنىڭ سابىق زەمبىرەكچىسى پولك كوماندىرى جانايېۋ بىلەن ئۆمەروۋلار
يوشۇرۇن ھالدا 300 دىن ئارتۇق قوراللىق ئاتلىق قوشۇن تەشكىللەپ، ئاۋغۇست
ئېيىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئۇلۇغچات تەۋەسىدىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنى قىرىپ
تاشلاپ، ئۇلۇغچات ناھىيىسىنى ئازاد قىلدى. ئۇيغۇر ۋە قىرغىز ياشلىرى
بىرلىشىپ تەشكىل قىلغان بۇ پارتىزانلىق ھەرىكەت قىزىلغا ھۇجۇم قىلىشتا
خائىنلارنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن قورشاۋغا چۈشۈپ قېلىپ مەغلۇب بولدى. كۆپ
جەڭچىلەر ئۆلتۈرۈلدى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلاندى. جانايېۋ تۈرمىدە قىيناپ
ئۆلتۈرۈلدى. ئۆمەروۋ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
1956
- يىلى مارتتا باقى داموللا بىلەن سەمەت داموللا يېتەكچىلىكىدە خوتەننىڭ
قاراقاش ناھىيىسىدە قاراقاش خەلقى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. مىڭدىن
ئارتۇق قوزغىلاڭچىلار تارىم ۋادىسىدىكى خىتايلارغا ھۇجۇم قىلىپ چوڭ زەربە
بەردى. ھەل قىلغۇچ جەڭدە قەھرىمان قوزغىلاڭچىلار دۈشمەننىڭ قىسىملىرىنى
ئاساسەن قىرىپ تاشلىدى. ئۆزلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ دۈشمەنلەر تەرىپىدىن
قورشاۋدا قالغان ئىنقىلابچىلار جان تىكىپ جەڭ قىلىپ 200 دىن كۆپرەكى شەھىد
بولدى. 1956 - يىلى مايدا لوپ ناھىيىسىدە ئىككى مىڭغا يېقىن قوزغىلاڭچىلار
ئابدۇقادىر باشچىلىقىدا قوراللىق قوزغالدى.
ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇب بولۇۋاتقان قوزغىلاڭچىلارغا ئەمەلىي ھەربىي ياردەم
بېرىش ئۈچۈن 1957 - يىلى ئۈرۈمچىنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسى بولغان ئۇلانبايغا
ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىللىي ئارمىيە ئاتلىق پولكى قوزغىلاڭغا تەييارلىق
قىلىۋاتقان ۋاقىتتا خائىننىڭ ساتقىنلىقى بىلەن پاش بولۇپ قالدى. بۇ ئاتلىق
پولك ئاساسەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېك ئەسكەرلەردىن تەركىب
تاپقان ۋە مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىدا قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ ئۈرۈمچىگە يېقىن
ماناسقىچە يۈرۈش قىلغان قوشۇنىدى. بۇ ئوڭۇشسىزلىقتىن كېيىن جەڭچى -
ئوفىتسېرلار تۇتقۇن قىلىندى. شەرقىي تۈركىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ
قوزغىلاڭغا يېتەكچىلىك قىلغان رەھبەرلىرى ۋە مۇنەۋۋەر ئەزالىرى تۈرمىلارغا
تاشلاندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى.
1958
- يىلى ئۆكتەبىردە قۇمۇلنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدا تۆمۈر خەلپە، خوجا نىياز
ھاجىلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان يەتتە مىڭدىن ئارتۇق كىشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى.
بۇ قوزغىلاڭغا ئەلى قۇربان بىلەن سېيىت باتۇرلار يېتەكچىلىك قىلدى.
قوزغىلاڭچىلار ناھىيىدىكى خىتاي ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ تۈرمىدىكى
مەھبۇسلارنى ئازاد قىلدى. ئالاقزادە بولغان خىتايلار بارىكۆلگە چېكىندى.
بىر يىلغا قەدەر داۋام قىلغان بۇ ئۇرۇشتا خىتايلار بەك قورقۇپ كەتتى. 1962
- يىلى غۇلجا ۋە چۆچەك شەھەرلىرىدە خەلق خىتاي زۇلۇمىغا قارشى نارازىلىق
نامايىشلار ئۇيۇشتۇردى.
29 -
ماي كۈنى نامايىشچىلار ئىلى ئوبكوم بىناسى ئالدىغا كەلگەندە خىتاي
ئەسكەرلىرى قورالسىز بىگۇناھ نامايىشچىلارنى قاتتىق ئوققا تۇتۇپ قىرغىن
قىلدى. نەچچە يۈزلىگەن نامايىشچىلار شۇ مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى ۋە
تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ، دەھشەتلىك تۈردە قىيىن - قىستاققا ئېلىنىپ جازالاندى.
ئون مىڭلىغان كىشىلەر ئەزىز ۋەتىنىنى تاشلاپ، سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىغا
چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. غۇلجا خەلقى بۇ «قانلىق29 – ماي» قىرغىنچىلىق
كۈنىنى ھېچقاچان ئۇنۇتمايدۇ. خىتاي كوممۇنىست باسقۇنچىلىرىغا لەنەتلەر
ئوقۇيدۇ.
يەنە 1962 - يىلى خوتەن تەۋەسىدە «شەرقىي تۈركىستان ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»
تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ سىياسى پروگراممىسىنى ئېلان قىلدى. قاراقاش ناھىيىسىدە
«شەرقىي تۈركىستان پارتىزانلىرى» تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ تۇرسۇن ھاپىزنىڭ
رەھبەرلىكىدە قوراللىق قوزغىلاڭغا تەييارلىق كۆرۈلدى. بىراق خىتايغا خىزمەت
قىلغان ساتقۇنلارنىڭ جىنايى قىلمىشىدىن بۇ ھەرىكەت ئاشكارىلىنىپ قېلىپ،
نۇرغۇن ياشلار تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ قىيىن ـ قىستاققا ئېلىندى.
1969
- يىلى «شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى» خىتاي دائىرلىرىنىڭ
قاتتىق نازارىتى ۋە باستۇرۇشىغا قارىماي ئومۇميۈزلۈك قوراللىق قوزغىلاڭ
كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇ پارتىيە ئۆزىنىڭ سىياسى پروگراممىسى،
جەڭگىۋارلىقى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئستراتېگىيە ۋە تاكتىكا جەھەتتىن ئىلغار،
مۇكەممەل پارتىيە ئىدى. پارتىيىنىڭ مەركىزى ئورگىنى چەتئەلدىن قورال ياردەم
ئېلىش ئۈچۈن تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى (ئالاقىچى) ئايتان، ئابىتلارنى سوۋېت
ئىتتىپاتىغا ئالاقىلىشىش ئۈچۈن يوشۇرۇن ھالدا ئەۋەتكەنىدى. بىرنەچچە
قېتىملىق ئالاقە باغلاش يۈزىسىدىن سوۋېتنىڭ ئەمەلىي ھەربىي ياردەم
كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن پارتىيە مەركىزى كومىتېت بيۇروسى 1969 -
يىلى28 - ئىيۇن كۈنى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى بەلگىلىدى. غۇلجا، چۆچەك،
بۆرتالا، ئالتاي، قاراماي قاتارلىق شىمالىي شەھەرلەردە پارتلىتىش ئېلىپ
بېرىپ، خىتايلارنىڭ دىققىتىنى شۇ تەرەپكە جەلپ قىلىش، شۇنىڭدەك چېگرا
رايونلاردا قوراللىق مۇداخىلە ئۇيۇشتۇرۇپ خىتايلارنى ئالاقزادە قىلىپ،
ئۇنىڭدىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك قوراللىق قوزغىلاڭنى قەشقەردە ئۇيۇشتۇرۇش ۋە
ئاخىرى قەشقەردە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»نى قۇرۇپ، ئۇنى دۇنياغا
ئېلان قىلىپ، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستانلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن
چەتئەللەردىن قۇرال سېتىۋېلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئەزىز شەرقىي تۈركىستان
زېمىنىنى خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىسىدىن مەڭگۈ ئازاد قىلىش پىلانلانغان
ئىدى.
شۇنىسى ئېچىنارلىقكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنى دائىم
خىتايلارغا سېتىپ كەلگەن سوۋېت رەھبەرلىرى بۇ نۆۋەتتە ھەم خائىنلىق قىلدى.
قوزغىلاڭغا ئۈچ كۈن قالغاندا بۇ «جانابلار» بولغۇسى قوزغىلاڭ ھەققىدىكى
ئۇچۇرنى بېيجىڭغا يوللاپ خىتايلارنى خۇشال قىلدى. بۇ ئۇچۇر خەۋەردار بولغان
بېيجىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ھەربىي ۋە ساقچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ شەرقىي
تۈركىستاننىڭ ھەممە شەھەر، ناھىيە، يېزىلىرىدا ئومۇميۈزلۈك قاماققا ئېلىشنى
باشلىدى. ئالدى بىلەن زىيالىيلار، ئوقۇغۇچى - ياشلار، ۋەتەنپەرۋەر
خىزمەتچىلەر قاماققا ئېلىندى. خائىنلارنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن قوزغىلاڭدىن
ئۈچ كۈن بۇرۇن خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ مەركىزى كومىتېت رەھبەرلىرى
تۇتقۇن قىلىندى. ئىمىنوۋ باشچىلىقىدىكى 32 مىڭ كىشى قاماققا ئېلىنىپ
تۈرمىلەرگە تاشلاندى. پۈتۈن ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ مۇئەللىم ۋە
ئۇقۇغۇچىلىرى توپ - توپى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا تاشلاندى. قەشقەر
لېنىيىسىدىكى ئاخۇنوۋ، مىجىت قاتارلىقلار مۇددەتتىن بۇرۇن قوزغىلىشقا
مەجبۇر بولۇپ، خىتاينىڭ كۈچلۈك ئارمىيىسى بىلەن قاتتىق جەڭ قىلدى.
دۈشمەننىڭ كۆپ ئەسكىرىنى قىرىپ تاشلىدى. ئاخۇنوۋ، مىجىت، خەيرۇللاھ،
ئوسمانجان، مەمتىمىن، خەيرىنسا قاتارلىق قەھرىمان يېتەكچىلەر بىر تامچە
قېنى قالغىچە دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ قۇربان بولدى. ئەخمەتجان مۇنىرى،
مىجىت ساقى، روزى ھېكىم، مۇھەممەت ئىمىن قاتارلىق يېتەكچىلەر قەشقەردە
ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. 1970 - يىلى 29 - ماي كۈنى (غۇلجا، چۆچەك
قىرغىنچىلىقى كۈنىگە توغرىلاپ ) ئۈرۈمچىدە ئوچۇق سوت ھۆكۈمى بىلەن شەرقىي
تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ نامى بىلەن توختى قۇربان، نىياز
ئۆمەر، ئابدۇرېھىم باقى، ھوشۇر قارى، ياش قەھرىمان دولقۇن ئىبراھىم
قاتارلىق 30 نەپەر مۇجاھىت ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. ئىنقىلاب رەھبىرى ئۇيغۇر
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمتىمىن ئىمىنوف دوختۇرخانىدا مەخپىي
ئۆلتۈرۈلدى.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنۇف 1915 ـ يىلى
ئاتۇش شەھىرىدە تۇغۇلغان. يەركەنت، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە بىلىم
ئالغان ۋە سۇ ئىنجىنىرى بولۇپ ساۋەن قاتارلىق جايلاردا خىزمەت قىلغان. 1945
ـ يىلىنىڭ باشلىرىدا پىدائى بولۇپ، مىللىي ئارمىيىگە قاتنىشىپ پولكوۋنىك
دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. 1950 ـ يىللاردا ئاپتونوم رايوندا نازىر ۋە
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1960 ـ يىللارنىڭ 2 ـ يېرىمىدا
«مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋردە مەخپى ھەرىكەت باشلىغان. شەرقىي تۈركىستان
خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن 1967 ـ يىلى
قاماققا ئېلىنىپ 1970 ـ يىلى 17 ـ مايدا ئۈرۈمچىدە مەخپى ئۆلتۈرۈلگەن.
ئىمىنۇف خەلقىمىزنىڭ مىللىي ئازاتلىق، مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە ئاساسلىق
رەھبەرلىك رول ئوينىغان مىللىي رەھبىرىمىز ۋە قەھرىمانىمىزدۇر. ئۇنىڭ
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا ئۆز جېنىنى ئايىماي كۈرەش
قىلغانلىقى ئەۋلادلارغا ئەبەدىي ئۈلگە بولۇپ قالغۇسى.
پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا قانلىق تېررور ئالتە ئاي داۋام قىلدى. نۇرغۇن
باتۇر ۋەتەنپەرۋەرلەر تۈرمىلەردە قىيناپ ئۆلتۈرۈلدى. نۇرغۇنلىغان گۇناسىز
ئادەملەر جازا مەيدانلىرىدا ئازابلاندى.
غۇلجا شەھىرىدە بىر كۈن ئىچىدە ئابابەكرى زاھىر، ئابدۇجاپپار، سابىر،
ئىسمايىل، ئابدۇغېنى، خوجاخمەت، دۆڭمەمەت قادىر، ئاسىلقان، مۇقان، ھەنىپە،
يۈسۈپ مۇسا قاتارلىق قەھرىمانلار سوراقسىز، سوت قىلىنماي خىتاي جاللاتلىرى
تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلاندى. توققۇز تارادا رەجەپ، ئابدۇكېرىم، نىلقىدا
ئەخمەتجان ئۆمەر، تېكەستە ھاكى مەمەت، مۇڭغۇلكۈرەدە قايدار قاتارلىقلار
خىتاي قولىدا قۇربان بولدى.
پۈتۈن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى تىترىتىۋەتكەن بۇ ئىنقىلاب مەغلۇب بولغان
بولسىمۇ، لېكىن شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ بىرلىك
ئىتتىپاقلىق كۈچىنى، ئازادلىق غايىسىنى خىتاي باسقۇنچىلىرىغا ھېچقاچان باش
ئەگمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ ئۆتتى.
1970
- يىلدىكى خىتايلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى
ناھايىتى تەشكىللىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن يېڭى كۈرەش باسقۇچىغا ئۆتتى.
1980 - يىللىرى خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى ۋە مۇستەقىللىق تەشكىلاتلىرى
قەتئىي يوشۇرۇن ھالەتتە ھەرىكەت ئېلىپ باردى. مىللىي ئازادلىق كۈرەش كەڭ
دائىرلىك قانات يېيىشقا باشلىدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى يېڭىدىن مىللىي
ئويغىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى.
1981
- يىلى 12 - يانۋار كۈنى قاغىلىقتىكى ياشلار قوزغىلىڭى، شۇ يىلى 27 - ماي
كۈنىدىكى پەيزاۋات قوزغىلىڭى، 1983 - يىلى قەشقەردىكى «ياش ئۇچقۇنلار»
تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتى، 1985 - يىلى 12 - دېكابىردا ئۈرۈمچىدىكى
ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشى، 1988 - يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى
مىللىي غورۇر نامايىشى، 1989 - يىلى 18 - مايدا ئۈرۈمچىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ
نامايىشى، بۇ ئومۇميۈزلۈك مىللىي ئويغىنىش ۋە مىللىي ئازادلىق كۈرشىنىڭ كۈن
ساناپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
ئەمما 1990 - يىللارغا كەلگەندە خىتاي دائىرىلىرى خەلققە قارشى قانلىق
تېررورنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى
«بۆلگۈنچى گۇرۇھ» دەپ ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭغا قارشى باستۇرۇشلار
ئۇيۇشتۇرۇلدى. چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم دەستىدىن تاقىتى قالمىغان خەلق ئۆز -
ئۆزىدىن قىساس ئېلىش گۇرۇپپىلىرى ۋە ئەترەتلىرىنى قۇرۇپ باسقۇنچىلاردىن ئۆچ
ئېلىشقا ھەرىكەتلەندى. 1990 - يىلى 5 - ئاپرېل كۈنى قەشقەرنىڭ بارىن
يېزىسىدىكى دېھقانلار زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتەردى. 10
مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بۇ قوزغىلاڭچىلار ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت
ئىدارىسىنى ئىشغال قىلدى. خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن تۆت كېچە كۈندۈز جەڭ
قىلدى. خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ”بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز
قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئوت كۈچىنى توسىيالمىدى“ دەپ ئېتىراپ قىلىپ خەۋەر
تارقاتتى. بارىندىكى بۇ قوزغىلاڭ بېيجىڭدىكى خىتاي رەھبەرلەرنى بەك
چۆچىتىۋەتتى. تانكا، ئايروپىلان، زەمبرەك ۋە زامانىۋى قوراللار بىلەن
قوراللانغان نەچچە يۈزمىڭ خىتاي ئەسكەرلىرى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلدى. 6 -
ئاپرېل كۈنى بېيجىڭدا پەۋقۇلئاددە قوماندانلىق شتابى قۇرۇلۇپ، بۇنىڭغا جاڭ
زېمىن، لى پىڭ، ليۇ خۋاچىڭلار قوماندانلىق قىلدى. غالجىرلاشقان خىتاي
ئەسكەرلىرى ئۇيغۇر يېزىلىرىنى قورشاپ ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان گۇناسىز ئاياللار
ۋە ياش بالىلارنىمۇ ئايىماي ئېتىپ ئۆلتۈردى. بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن
كۆرگەن مۇخبىرلار بۆشۈكتىكى بىر بوۋاققا ئۈچ پاي، بۆشۈككە يەتتە پاي ئوق
تەككەنلىكىنى ئوچۇق يازدى. ئىككى ئاي داۋام قىلغان بۇ ئۇرۇشتا نۇرغۇن خىتاي
ئەسكەرلىرى ئۆلتۈرۈلدى. 200 گە يېقىن قوزغىلاڭچىلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى.
خىتاي ئەسكەرلىرى ئۈچ قوزغىلاڭ رەھبىرىنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىدى.
نۇرغۇن قەھرىمان ياشلار دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ قېلىپ تۈرمىلەردە ئازابلاندى.
«خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان
جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرۇش سىياسى پروگراممىسىنى ئېلان قىلىپ، جەڭگە كىرگەن بۇ
قەھرىمان ئوغلانلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە چوڭ مەدەت بەردى.
بارىن قوزغىلىڭىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا گەۋدىلىك كۈرەشلەردىن بىرى
دۇنياغا مەلۇم بولغان «غۇلجا ۋەقەسى» بولدى. 1997 - يىلى 5 - فېۋرال كۈنى
شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە گۇناسىز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇتقۇن
قىلىنىپ، تۈرمىلەرگە تاشلىنىۋاتقانلىقىغا قارشى 900 دىن ئارتۇق ياشلار
نامايىش قىلدى. خىتاي دائىرلىرىنىڭ بۇ تىنچ نامايىشچىلار بىلەن تىنچلىق
سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا نامايىشچىلارغا ئوق ئېتىپ نۇرغۇن ئادەملەرنى
ئۆلتۈردى. بۇ ناھەق ئىشنى كۆرگەن قەھرىمان غۇلجا خەلقى نامايىشچىلارغا
قوشۇلۇپ، خىتايلارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى قوزغالدى. خىتايلار بېيجىڭنىڭ
بىۋاسىتە بۇيرۇقى بىلەن دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. 300 دىن ئارتۇق
ئۇيغۇر ياشلىرىنى قاتتىق سوغۇقتا سۇ چېچىپ توڭلىتىپ ۋە ئېتىپ ئۆلتۈردى.
4000 گە يېقىن ياشلارنى تۇتقۇن قىلىپ جازا لاگېرلىرىغا تاشلىدى. غۇلجا
خەلقىنىڭ ئۆيلىرىنى ئاقتۇرۇپ بىرقانچە ئاي ھەربىي ھالەت يۈرگۈزدى. «غۇلجا
ۋەقەسى» بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان شەرقىي
تۈركىستانلىقلارنىڭ سانى 75 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. تا ھازىرغىچە ھەر ئايدا
بىر (بەزى ۋاقىتلاردا بىر ئايدا ئىككى، ھەتتا ئۈچ) قېتىم «ئوچۇق سوت» ئېلان
قىلىپ 10 - 15 كىشىدىن تەركىب تاپقان گۇرۇپپا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم
قىلىنماقتا. خىتايلارنىڭ بۇ فاشىستىك قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى چاقماق
تېزلىكىدە پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولدى. بۇ قانلىق ۋەقە شەرقىي تۈركىستان
مەسىلىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەنە بىر قېتىم تونۇتۇپ، دۇنيانىڭ
دىققىتىنى قوزغىدى. خىتاي دائىرلىرىنىڭ غۇلجا «ۋەقە»سىنى قاتتىق مەخپى
تۇتۇشىغا قارىماي، دۇنيادىكى نۇرغۇن تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت ـ ژۇرناللار
ئالاھىدە خەۋەرلەر تارقاتتى.
1997
- يىلىدىكى قانلىق باستۇرۇشلاردىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىدىيىۋى
تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش، شۇنىڭدەك مائارىپنى
تەرەققىي قىلدۈرۈپ ياش ئەۋلادلارنى بىلىملىك ھەم ۋەتەنپەرۋەر روھتا
بەربىيىلەپ ۋەتەن ئازادلىقى ئۈچۈن پەيت كۈتۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئاساسى مەقسەت
قىلدى.
شۇنى
ئېيتىش كېرەككى ْ ھازىر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش
ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق چارىلەرنى قىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنى زورلۇق
- زۇمبۇلۇق بىلەن ئاسسېمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆز
ئانا تىلىدا ئوقۇشىنى چەكلەۋاتىدۇ، خىتاي تىلىنى بىلمەيدىغانلارنى ئىشتىن
ۋە ئوقۇشتىن قوغلاۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ باي تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتىنى
ساختىپەزلىك بىلەن بۇرمىلاۋاتىدۇ.
خىتاي ۋە ئۇنىڭ مالايلىرى ئۇيالماستىن ”ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندا
يەرلىك خەلق ئەمەس، ئۇلار مۇڭغۇلىيىدىن كۆچۈپ كەلگەن“ دېگەن ئويدۇرما ۋە
خەتەرلىك «پەتىۋالار»نى توقۇپ چىقماقتا. بۇنىڭدىن مەقسەتلىك پايدىلانغان
ياش تارىخچى ئوسمانوۋ 2003 - يىلى 20 - فېۋرال كۈنى ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيەسى
«ك ت ر» دا سۆز قىلىپ ْ «840 - يىلى بىز قىرغىزلار ئۇيغۇرلارنى تار مار
قىلىپ، ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستانغىچە قوغلاپ باردۇق. ئۇلارنىڭ دۆلىتىنى
غۇلىتىپ، ئۇنىڭ پايتەختى ئوردا بالىقىنى بېسىپ ئالدۇق. شەرقىي تۈركىستاننىڭ
تارىم ۋادىسىدا قىرغىزلار ياشىغان. 9 - 11 - ئەسىرلەردە قاراخانىلار
خانلىقىنى بىز قىرغىزلار قۇرغان» دېدى.
1988
- يىلى قىرغىزستاننىڭ پايتەختى (ھازىرقى بېشكىك) شەھىرىدە تۈركشۇناسلارنىڭ
پۈتكۈل سايۇزۇلۇق 5 - ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا دۇنياغا مەشھۇر يازغۇچى
چىڭگىز ئايتماتوۋ سۆزگە چىقىپ مۇنداق دېدى ْ «ھازىرقى ۋاقىتتا
تۈركشۇناسلىقتىكى چوڭ كەمچىلىكنىڭ بىرى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، تۈركىي تىللىق
خەلقلەرنىڭ ئالىملىرى تىل - ئەدەبىيات، تارىخ، يازما يادىكارلىقلارنى
تەكشۈرگەندە يۈسۈپ بالاساغۇنى ۋە مەھمۇد قەشقەرىلەرنى، ئۇلارنىڭ
ئەسەرلىرىنى ھەم ئۇلاردىن كېيىن يېزىلىپ قالغان يادىكارلىقلارنى ئاساسەن
ئۆز خەلقىگە مەنسۇپ قىلىپ كۆرسەتكىسى كېلىدۇ. ئۇلار يۈسۈپ بالاساغۇنى ۋە
مەھمۇد قەشقەرىنى ھەممە تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە مەنسۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە
ئۇ خەلقلەر ئۆز يازما ئەدەبىياتىنى شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تەرەققىي ئەتتۈرۈپ
كەلمەكتە دەپ تەكىتلىمەكچى بولۇشىدۇ. ئەمما مېنىڭ پىكرىمچە يۈسۈپ
بالاساغۇنى ۋە مەھمۇد قەشقەرى ھەممىدىن ئاۋۋال ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۇپ،
ئاندىن باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ يازما ئەدەبىياتىنى
شۇلاردىن (ئۇيغۇرلاردىن) كېيىن باشلىغان دېسەك توغرا بولىدۇ. بۇ پىكىر
ئورخۇن، يەنىسەي يازما يادىكارلىقلىرىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئورخۇن،
يەنىسەيدىن تېپىلغان قەدىمكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىنى مەكتەپ
ئوقۇش قۇراللىرىغا كىرگۈزۈش كېرەك. ئەمما ھازىر ھەممە ئالىملار ئۆز
خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئەڭ قەدىمى قىلىپ كۆرسىتىشگە تىرىشىۋاتقانلىقىدىن
تۈركشۇناسلىقتا پروۋىنتسىئالىزم (ئۆلكىۋازلىق)تىن كۆپ زىيان تارتىش
بايقالماقتا».
ھازىر خىتايلار ئامالىنىڭ بارىچە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تارىخىنى بۇرمىلاپ
ئۇنى يوق قىلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ ياكى بۇ تارىخنى ئۆزگىلەرنىڭ تارىخى
بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن ئالدىراپ «يېڭى تارىخ» يېزىشقا كىرىشمەكتە. شۇنىڭ بىلەن
ئۇلارنى «ئۇلۇغ مىللەت، ئۇلۇغ خەلق» قىلىپ سۈنئىلەشتۈرۈۋاتىدۇ. بۇ جانابلار
شۇنى بىلىپ قويسۇنكى ْ دۇنيانىڭ سىياسى ۋە مەدەنى تارىخىدا چوڭ تەسىرلىك
روللارنى ئوينىغان، ئىنسانىيەت دۇنياسىغا مەدەنىيەت تارقاتقان مۇقەددەس
زېمىن - شەرقىي تۈركىستاننىڭ زېمىن ۋە تارىخى ئىگىسى ئۇيغۇر خەلقىدۇر!
ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىدىن پايدىلىنىپ
ئۇنىڭ تارىخىغا ۋە مەدەنىيىتىگە قول سېلىپ، ئۇنى بۇرمىلاپ
ساختىلاشتۇرۇۋاتقانلار كېلەچەكتە دۇنيا ئالدىدا شەرمەندە بولۇشى چوقۇم!
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مەدەنىيىتىمىزنى، شانلىق تارىخىمىزنى مۇكەممەل ئۆگىنىشىمىز
ۋە ئۇنى قوغدىشىمىز كېرەك. شۇنىڭدەك ياش ئەۋلادلارنى بىلىملىك،
ۋەتەنپەرۋەرلىك روھتا تەربىيلەپ، جانباقار ۋەتەن خائىنلىرىغا قارشى كۈرەش
قىلىشىمىز لازىم! بىر دانىشمەننىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «مۇستەقىللىق ئۈچۈن
كۈرەش قىلىش خەلقىمىزنى بىرلىككە دەۋەت قىلىدۇ. مىللىي مۇستەقىللىق ئۈچۈن
كۈرەش قىلىش ھەر كىمدىن، ھەربىر ئائىلىدىن باشلىنىدۇ. ياش ئەۋلادلارغا
چوڭقۇر، ھەر تەرەپلىمە بىلىم بېرىشكە تىرىشقان ئاتا - ئانىلاردىن،
مۇئەللىملەردىن، بىلىم ئېلىشقا تىرىشقان بالىلاردىن باشلىنىدۇ.»
«مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش خەلقىمىزنى بىرلىككە دەۋەت قىلغان ھەربىر
شەخستىن باشلىنىدۇ. مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى كۈندىلىك دەپ
ھېسابلىغان خەلق، مۇستەقىللىققا ھامان يەتمەي قالمايدۇ.»
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقى ۋە تېررورىزم
2001
- يىلى 11 - سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىدا بولغان پاجىئەدىن كېيىن نۇرغۇن
مەتبۇئاتلاردا خەلقئارالىق تېررورىزم توغرۇلۇق كۆپلەپ ماقالىلەر ئېلان
قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئەسەرلەر يېزىلىشقا باشلىدى. جۈملىدىن 2001 -
يىلى 1 - نويابىردا قىرغىزستاننىڭ ھۆكۈمەت گېزىتى بولغان «سلوۋو
قىرغىزستانا» گېزىتىغا ئاتالمىش ئاپتور ئىماتوۋنىڭ «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى
بويىچە مەسىلە» ناملىق ماۋزۇدىكى ئۇيغۇر خەلقىنى قارىلايدىغان يامان
غەرەزلىك ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ئىماتوۋنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ھاقارەتلەپ
يازغان بۇ ماقالىسىغا بېشكىك شەھىرىدىكى ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش
«دېموكراتىيە» تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق
نارازىلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر خەلقى ئاپتورنىڭ «ئۇيغۇرلار شەرقىي
تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقى ئەمەس، باشقا يەردىن كۆچۈپ كەلگەن» دەيدىغان
خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇيرۇتما زاكازلىرى بويىچە ياساپ چىققان ئويدۇرما
پەتىۋالىرىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ ۋە ئىماتوۋ ھەمدە ئۇنىڭ خوجايىنلىرىغا
لەنەت ئوقۇيدۇ. ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۆز ۋەتىنى شەرقىي
تۈركىستاندا ياشاپ، دۇنيا مەدەنىيىتىگە بىباھا تۆھپە قوشقان، بۈيۈك يىپەك
يولىنى بەرپا قىلغان، ئۆزىگە خاس ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتىنى ياراتقان
ئۇلۇغ خەلق! ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەجدادلىرى تارىختا ئۇلۇغ ھۇن تەڭرىقۇتلۇق،
(مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 220 - يىلدىن مىلادىيە 216 - يىلغىچە) ئۇلۇغ كۆكتۈرك
قاغانلىقى (مىلادىيە 551 - يىلدىن 745 - يىلغىچە)، ئۇيغۇر ـ ئورخۇن
قاغانلىقى (مىلادىيە 640 - يىلدىن 845 - يىلغىچە)، ئۇيغۇر قاراخانىلار
دۆلىتى (مىلادىيە 850 - يىلدىن 1212 - يىلغىچە)، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى
(مىلادىيە 850 - يىلدىن 1335 - يىلغىچە)، سەئىدىيە خانلىقى (مىلادىيە 1504
- يىلدىن 1678 - يىلغىچە) قاتارلىق قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرغان ۋە
گۈللەندۈرگەن.
رۇسىيە باسقۇنچىلىرى ئورتا ئاسىياغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر خەلقى
قۇرغان يەتتە شەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى (1863 - 1878)، ئىلى سۇلتانلىقى (1864 -
1871)، 1933 - يىلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ۋە «شەرقىي
تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» (1944 - 1949 - يىللار) قاتارلىق ئۇيغۇر دۆلەتلىرى
چاررۇسىيە پادىشاھلىقى ھەمدە س س س ر نىڭ ياردىمى ئارقىلىق خىتاي
باسقۇنچىلىرى تەرىپىدىن يوق قىلىندى. مېنىڭچە يۇقىرىقى پاكىتلار ئىماتوۋ ۋە
ئۇنىڭ خوجايىنلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك بولسا كېرەك. 1949 - يىلى خىتاي
كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىپ، ئۇنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى
بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى يوق قىلدى.
شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتايلارنى
پىلانلىق كۆچۈرۈپ كېلىپ يەرلەشتۈرمەكتە. 1949 - يىلى شەرقىي تۈركىستاندا
ئۇيغۇرلار ئومۇمى ئاھالىنىڭ %96 نى، خىتايلار %3 نى تەشكىل قىلاتتى. ھازىر
خىتايلار %50 دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى قىسقا ۋاقىت
ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىپ، بۇ مىللەتنىڭ مۇقەددەس زېمىنىنى ئەبەدى
ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن، ھەرقانداق ئىپلاس جىنايى ۋاسىتىلارنى ئىشقا
سېلىۋاتىدۇ. خىتايلار ئۆزلىرى ئۇيۇشتۇرغان تېررورلۇقلارنى ئۇيغۇر خەلقىگە
ئارتىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالدىماقچى بولۇۋاتىدۇ. 2001 - يىلى 23 -
نويابىردا ئامېرىكىدىن بېرىلىدىغان «ئەركىن ئاسىيا» رادىئوسى
تۆۋەندىكىلەرنى خەۋەر قىلدى ْ ”قەشقەر شەھەر ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش
كىيىنىپ، ساقال قويغان ئىككى ئادەم بىر كۆۋرۈكنى پارتلاتماقچى بولۇپ
تۇرغاندا، بۇنى كۆرگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى ساقچى ئىدارىسىغا دەرھال مەلۇم
قىلغان ۋە ساقچىلار بۇلارنى قاماققا ئالغاندا ئۇلارنىڭ ساقاللىرى يالغان
بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى پاش بولغان. بۇ خىتايلار يۇقىرىنىڭ مەخپى
بۇيرۇقى بويىچە كۆۋرۈكنى پارتلىتىپ، بۇ جىنايەتنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ
قويماقچى بولۇپ تۇرغاندا قولغا چۈشكەن. ئاقىۋەتتە يۇقىرىنىڭ بىر تېلېفون
قىلىشى بىلەن بۇ خىتايلار جىنايى جاۋابكارلىقتىن قۇتۇلۇپ كەتكەن.“ خىتاي
جاسۇسلىرى مەركىزى ئاسىيا ئەللىرىدە، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىچىدە
ھەرىكەت قىلىپ، تۈرلۈك ئېغىۋاگەرلىك ئىشلىرىنى كەڭ تۈردە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
قىرغىزستان ساقچى ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى خىتاي جاسۇسخانلىرى بىلەن
يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق
بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسى كۈرشىنى «تېررورىزم» دەپ قارىلاپ،
ئۇيغۇرلارغا تۈرلۈك تۆھمەتلەرنى تاڭماقتا. ئۇلار بەزى مۇخبىرلارنى
سېتىۋېلىپ، غەرەزلىك ھالدا زاكاز بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ماقالىلەرنى
يازدۇرماقتا.
گېزىت - ژۇرناللاردا ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ماقالىلەر پات - پات ئېلان
قىلىنىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن بەزى ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ئادەملەر،
جۈملىدىن ساقچى خادىملىرى ئۇيغۇرلارغا بولغان مۇئامىلىدە قوپاللىق
قىلىدىغان، ھەتتا ھاقارەتلەيدىغان ھادىسىلەر سادىر بولماقتا. مەسىلەن 2000
- يىلى 28 - دېكابىر كۈنى بىشكېكتىكى «ئىنسان» ناملىق كافېىخانىدا شەھەرلىك
ساقچى ئوفىتسېرلىرى ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ياشنى ھاقارەتلەپ قاتتىق ئۇرغان.
ساقچىلار ئۇيغۇر ياشلىرىنى ھاقارەتلەپ «سەنلەر ئۇيغۇرلار تېررورستلار،
سەنلەر ۋاھابىستلەر، بىز سەنلەرگە ئەركىنلىك بەرمەيمىز، سىلەرگە تېخى
كۆرسىتىمىز!» دەپ ۋارقىراشقان. دېمەك بۇ يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك ئۇيغۇر
خەلقىنى «تېررورست» دەپ يامان كۆرسىتىش ئۈچۈن يېزىلىۋاتقان ماقالىلەرنىڭ
سەلبى ئاقىۋەتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئالمۇتادا چىقىدىغان «رېسپۇبلىكا 2000» گېزىتىدە سېرگېي دۇۋانوۋنىڭ «مىللىي
مۇستەقىللىقتىن خەلقئارالىق تېررورىزمغىچە» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ئاپتور ماقالىدا «ئادەم تېررورست بولۇپ تۇغۇلمايدۇ. تېررورلۇقنى ھاكىمىيەت
دىكتاتۇرسى تۇغدۇرۇپ، دۆلەت پۈتۈنلۈكى دېگەن نام بىلەن چۈمپەردىلەيدۇ» دەپ
توغرا كۆرسەتكەن.
خىتاي دائىرلىرىنىڭ «ئۇيغۇر تېررورستلىرى» دېگەن ئويدۇرمىسى شەرقىي
تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز ئىنسانى ھوقۇقلىرىنى تىنچلىق يولى بىلەن قوغداش
ئۈچۈن خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى قارىلاش ۋە باستۇرۇش
ئۈچۈن كېرەك بولۇۋاتىدۇ. خىتايلار 2001 - يىلى 11 - سېنتەبىردە ئامېرىكىدا
بولغان پاجىئەدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا «تېررورست» قىلىپ
تونۇتماقچى بولغانىدى. ئەمما خىتاينىڭ بۇ ساختىپەزلىكى ئەمەلگە ئاشماي تار
مار بولدى.
خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى 1949 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتىنى
بېسىۋالغاندىن بۇيانقى 50 يىل داۋامىدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا
مىللەتلەر بولۇپ، بىر يېرىم مىليون خەلقنى قىرىپ يوق قىلغان. خىتاينىڭ
ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان دۆلەت تېررورلۇق سىياسىتى 1996 - يىلى
ئاتالمىش «شاڭخەي كېلىشىمى» تۈزۈلگەن ۋاقىتتىن باشلاندى. بۇ تېررورلۇق
جەريانىدا 1996 - يىلى ئاپرېلدىن ئىيۇنغىچە شەرقىي تۈركىستاندا 18000 نەپەر
ئۇيغۇر تۈرمىگە تاشلاندى. يەنە شۇ يىلى 14 - ئىيۇلدىن ئۆكتەبىرگىچە 57000
ئادەم جازا مەيدانلىرىغا تاشلاندى. نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەرلىرى
ۋەھشىلەرچە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىش، ۋەھشىلەرچە قىيناش،
دەلىل ئىسپاتسىز ئۆلۈم جازاسى بېرىش قاتارلىق باشتۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەر
ئايدا سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلماقتا. 2001 - يىلى 26 - 29 - ئاپرېل كۈنلىرى
قەشقەر شەھىرىدە 186 ئادەم «قانۇنسىز دىنى پائالىيەت ئېلىپ بارغان» ناملىق
بوھتان بىلەن قولغا ئېلىنغان. قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە ئابلىمىت مەمەت،
ئەخمەت تۇرسۇن، ئابدۇللا ھەسەنلەر ئېتىپ تاشلاندى. شۇنداقلا 21 - ئاپرېل
كۈنى غۇلجا شەھىرىدە «بۆلگۈنچىلەرگە ھېسداشلىق قىلغان» دېگەن ئەيىب بىلەن
ئازاد مۇنار، تۇرداخۇن، دىلشاد بەك، ياسىنجان، يارمۇھەممەت ۋە
زەينىدىنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. شۇنىڭدەك كورلا شەھىرىدە 13 نەپەر
ئۇيغۇر ياش خىتاي جاللاتلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. (ئۇلارنىڭ
ئىسىملىرى ھازىرچە بىزگە مەلۇم ئەمەس) يېقىندا ۋەتەندىن ئالغان مەلۇماتىمىز
بويىچە 2002 - يىلى 28 - مارت كۈنى قەشقەر شەھىرىدە ھۆكۈم ئېلان قىلىش
يىغىنى ئېچىلىپ 14 نەپەر ئۇيغۇر «مىللىي بۆلگۈنچى»، «قانۇنسىز دىنى
پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان» دېگەن سىياسى بۆھتانلار بىلەن تۈرلۈك قاماق
جازالىرىغا ھۆمۈم قىلىنغان. يەنە شۇ كۈنى قەشقەردە 52 نەپەر ئۇيغۇر
يۇقىرىقىدەك سىياسى ئەيىبلەشلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. خوتەندە 4 - 11 -
ئاپرېلدا قاراقاش ناھىيىسىدە سوت يىغىنى ئېچىلىپ توققۇز نەپەر ئۇيغۇرغا 7
يىلدىن 20 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئۇلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى
تۆۋەندىكىچە:ْ
1 -
ئابابەكرى مەخسۇت 24 ياش؛ 2 - ئابلىز مەتتوختى 25 ياش؛ 3 - ئابدۇمىجىت
ئېزىز 29 ياش؛ 4 - مەمەت مەتتوختى 30 ياش؛ 5 - مەمەتجان مەمەت 31 ياش؛ 6 -
ئابلىمىت ئېزىز 34 ياش؛ 7 - مەتتۇردى تۇرسۇن 22 ياش؛ 8 - ئىلھام مەمەت 23
ياش؛ 9 - سۇلايمان ئىيسا 28 ياش. يۇقىرىقى توققۇز نەپەر ئۇيغۇرغا قويۇلغان
ئەيىب قانۇنسىز دىنى پائالىيەت ئېلىپ بارغان، مىللىي بۆلگۈنچى دېگەنلەردىن
ئىبارەت. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «تېررورستلار ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە
قارشى كۈرەش» نىقابى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەرلىرى،
دېموكراتلار، دىنى ئەربابلار ۋە ھوقۇق قوغدىغۇچىلارنى جىسمانىي جەھەتتە يوق
قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتە.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى 2001 - يىلى 17 - 19 - ئۆكتەبىر كۈنلىرى بېلگىيىنىڭ
بروكسسېل شەھىرىدىكى ياۋروپا پارلامېنتى بىناسىدا «شەرقىي تۈركىستان
(ئۇيغۇرستان) مىللىي قۇرۇلتىيى» بولۇپ ئۆتتى. بۇ قۇرۇلتايغا گېرمانىيە،
بېلگىيە، شۋېتسىيە، ھوللاندىيە، شۋېتسارىيە، بېرىتانىيە، ئاۋسترالىيە،
تۈركىيە، رۇسىيە، قىرغىزستان ۋە ئۆزبېكىستانلاردىن 130 نەپەر ئادەم
قاتناشتى. 17 - ئۆكتەبىردە ياۋروپا پارلامېنتىدا بولۇپ ئۆتكەن «شەرقىي
تۈركىستاننىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىشغال قىلغان 50 يىل مابەينىدىكى
ۋەزىيىتى» ناملىق تېمىدىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى خەلقئارادا
ناھايىتى چوڭ بولدى. بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىدا سۆزگە چىققان ياۋروپا
پارلامېنت ئەزالىرى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەركىن
ئالىپتېكىن، تۈركىيە ھۆكۈمەت ۋەكىلى ھاۋاخانىم، دوكتور تىمۇر خوجا ئوغلى
ئەپەندى، گېرمانىيىدىكى خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى
پېتر ميۇللېر، قىرغىزىستاندىكى ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش «دېموكراتىيە»
تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرسۇن ئىسلام، رۇسىيە ھوقۇق ئىنستىتۇتى رەھبىرى
ۋالېنتىن گېفتېر، بېلگىيە رادىكال پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى ئولىۋېر
دوپويىس، خەلقئارالىق كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋەكىلى، ئالىملار، سىياسەتچىلەر
خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى 1949 - يىلى بېسىۋالغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ
ھوقۇقىنىڭ نەقەدەر دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى توغرۇلۇق نۇتۇقلار سۆزلىدى.
شۇنى
ئېيتىش كېرەككى، بروكسسېلدىكى قۇرۇلتايغا ۋەكىللەر تەييارلىق كۆرۈپ، ۋىزا
ئىشلەۋاتقاندا خىتاي دىپلوماتلىرى ۋە جاسۇسلىرى ۋەكىللەرگە توسقۇنلۇق
قىلىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئىغۋا تارقىتىپ، «ۋەكىللەر ئىچىدە يەتتە نەپەر
ئۇيغۇر تېررورست بار» دېگەن يالغان سۆزلەرنى تارقاتتى. نەتىجىدە
قىرغىزىستاندىن توققۇز ۋەكىل ئورنىغا تۆت ۋەكىل، قازاقىستاندىن 14 ۋەكىل
ئورنىغا بىرمۇ ۋەكىل بارالمىدى. (ۋىزا ئالالمىدى). شۇنىڭدەك بروكسېلدا
ياۋروپا پارلامېنت بىناسىدا يىغىن ئۇتۇقلۇق ئۆتەۋاتقان چاغدا خىتاينىڭ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋەر تارقىتىپ «ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇر
تېررورستلىرىغا يىغىن ئېچىشقا يول قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا
پارلامېنتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە زىيان بولىدۇ» دەپ
پوپوزا قىلدى. دېمەك ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن چوڭ تارىخى
ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىغۋاگەرلىك پىلانلىرى
شەرمەندىلەرچە تار مار بولدى.
قېنى
مۇلاھىزە قىلىپ كۆرەيلىچۇ، كىم تېررورىست ئىكەن؟ ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتىدا
ياشاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانى ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداپ، تىنچلىق سىياسى يول
بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىمۇ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس
ۋەتىنىنى زورلۇق بىلەن ئىشغال قىلىۋېلىپ، ئۇنىڭ خەلقىنى ياۋۇزلارچە قىرغىن
قىلىۋاتقان خىتاي باسقۇنچىلىرىمۇ ؟ ئۆز ئەركىنلىكى ۋە ۋەتىنىنىڭ
مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى «تېررورستلار،
بۆلگۈنچىلەر، ئىسلامچىلار، ۋاھابىچىلار» دەپ بەدنام چاپلاپ قارىلاشقا كىم
ھوقۇق بەردى بۇ باسقۇنچىلارغا؟
ئا ق
ش پرېزىدېنتى بوش خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە جاڭ زېمىن بىلەن ئۇچراشقاندا
«ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر تېررورستلار ئەمەس، ئۇلار ئازادلىق
جەڭچىلىرىدۇر» دېگەنىدى. پرېزىدېنت بوشنىڭ بۇ سۆزىنى 2001 - يىلى 17 -
ئۆكتەبىردە بروكسېلدىكى پارلامېنت بىناسىدا سۆزگە چىققان پارلامېنت
ئەزالىرى ھەم ھەققانىيەت بىلەن تەكرارلىغانىدى.
ھازىر ئۇيغۇر خەلقى ئۆز دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىنچلىق يولى
بىلەن سىياسى كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. خىتاي قانچىلىك كۈچلۈك بولسۇن، ئۇ
خەلقىمىزگە قانچىلىك زۇلۇم سالمىسۇن، ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان
باسقۇنچىلارغا باش ئەككەن ئەمەس. بىز ھەرگىزمۇ تېررورچى، بۆلگۈنچىلەردىن
ئەمەسمىز. بىز ئۆز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئەركىن، ھۆر، تىنچ ياشاشنى
ئۈمىد قىلىمىز. بىزنىڭ كۈرشىمىز ھەققانى كۈرەش! ئۇيغۇر خەلقى ھامان بىر
كۈنى مۇستەقىلىققا ئېرىشىدۇ!
بۇ
دوكلات ئالبانىيىنىڭ پايتەختى تىرانا شەھىرىدە ئېچىلغان خەلقئارالىق
ترانسىناتسىئونال رادىكال پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىغا سۇنۇلغان.
2002
- يىل، 30 - ئۆكتەبىر، تىرانا شەھىرى ئالبانىيە.
تۇرسۇن ئىسلام
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي
غىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن!
مۇراجىئەت
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىبى كوفې ئاننان جانابلىرىغا،
ئا ق
ش پرېزىدېنتى جورج بوش جانابلىرىغا،
رۇسىيە فېدېراتسىيىسى پرېزىدېنتى ۋ. پۇتىنغا،
گېرمانىيە فېدېراتسىيىسى باش مىنىسترى گېرخارد شرېدېر جانابلىرىغا،
بۈيۈك بېرىتانىيە باش مىنستىرى تونى بلېر جانابلىرىغا،
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى ئەخمەت نەجدەت سەزەر جانابلىرىغا،
قازاقىستان پرېزىدېنتى ن. نازاربايېۋقا.
ھۆرمەتلىك جانابلار!
بىزكى بىشكېكتىكى ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش «دېموكراتىيە»
تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە
قىلىنىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار (ئاتالمىش ش ئۇ
ئا ر دىكى)غا قارىتىلغان جازالاش چارىلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىشىڭلار
ھەققىدە مۇراجىئەت قىلىۋاتىمىز. بىز سىزلەرنىڭ ئۆز ۋاكالەتلىكىڭلەردىن
پايدىلىنىپ، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ش ئۇ ئا ر دا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان گېنوتسىد
(قىرىپ تۈگىتىش) سىياسىتىنى - ش ئۇ ئا ر غا خىتايلارنى پىلانلىق، ئاممىۋى
كۆچۈرۈشنى توختىتىشنى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز،
ئۆزبېك ۋە باشقا خەلقلەرنى جازالاش چارىلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىشىڭلارنى
سورايمىز! گەرچە بۇ خەلقلەرنىڭ ياشاۋاتقان يېرى «ئاپتونومىيە»ئاتالسىمۇ،
ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى يوق. ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى
كومپارتىيە قولىدا بولۇپ، 50 نەچچە يىلدىن بېرى ئۇلارغا قارىتا
ئاسسېمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈلمەكتە.
2001
- يىلى 11 - سېنتەبىر پاجىئەلىك ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمرانلىرى
تېررورىزم، ئىسلامىزمنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەرلىرىنى،
دېموكراتلىرىنى، ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلغۇچىلارنى جىسمانىي يوقىتىشنى
يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئاتالمىش «ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرى»، «ئۇيغۇر تېررورىزمى»
ئەپسانە بولۇپ، بۇ ھاكىمىيەتنى مونوپول قىلىۋېلىپ كىمنى ئۆلتۈرۈش، كىمنى
كەچۈرۈش ھوقۇقىنى قولىغا كىرگۈرۈۋالغانلارنىڭ تۆھمىتىدۇر. دەل خىتاي
ئۆزىنىڭ توتالىتارلىق، ئېكسترېمىستلىق سىياسىتىنى «ئۇيغۇر تېررروىزمىغا
قارشى تۇرۇشٍ» شۇئارى ئاستىدا يۈرگۈزمەكتە. شۇڭا بۇ شۇئار ئاستىغا ئەڭ
قانخور جاللاتلار يوشۇرۇنغاندۇر.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەركىزى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئايرىم سىياسەتچىلەر ۋە
ھوقۇق ساقلاش ئىدارىلىرى «ئۇيغۇر قارتىسى» نى ئاكتىپ ئوينىماقتا. ئۇلار
خىتاينىڭ مەخسۇس خىزمەت ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر خەلقىگە
«تېررورچى ۋە دىنى ئەسەبىيەتچىلەر» دەپ تۆھمەت چاپلاۋاتىدۇ.
ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش «دېموكراتىيە» تەشكىلاتىمىز ۋە مەركىزى
ئاسىيادىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىتى ئۇيغۇر
خىتاي پۇقرالىرى خەمىت مەمەت، ئىليار زوردىن، قاسىم مەخپىرلارنى چېگىرىدىن
ئۆتۈپ كېلىپ سىياسى باشپاناھ سورىغانلىقىغا قارىماي، قانۇنسىز ھالدا
خىتايغا تۇتۇپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى (ئۇلار خىتايدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى
)، قىرغىزستان ھۆكۈمىتىنىڭ جېلىل تۇردى، ھامۇت ياسىن، مەمەت ياسىن، مەمەت
سادىقلارنى قانۇنسىز ھالدا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى، يېقىندا نېپال
ھۆكۈمىتىنىڭ خوجامەمەت ئابباس (شىرئەلى)نى خىتايغا تۇتۇپ قايتۇرۇپ
بەرگەنلىكى (گەرچە ئۇ قاچاق ستاتۇسىنى ئالغان بولسىمۇ) نەتىجىدە خىتاي
ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئېتىپ تاشلانغانلىقى
ئۈچۈن قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ.
1998
- يىلى بىشكېكتە «قانۇنسىز قورال ساقلىغان» دەپ ئەيىبلىنىپ 14 يىل ھۆكۈم
كېسىلگەن قاسارجىغا كېيىن يەنە 10 يىل قوشۇلغان بولۇپ، ھازىر خىتاي
دائىرلىرى ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ھاياتىغا
ئەمەلى خەۋپ تۇغدۇرۇۋاتىدۇ.
2003
- يىلى 15 - دېكابىردا خىتاي بىخەتەرلىك مىنسترلىكى دۇنياغا ئۇيغۇر
ياشلىرىنىڭ دۇنياۋى قۇرۇلتىيى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيە مەركىزى
(گېرمانىيىدە) قاتارلىق تەشكىلاتلارنى «تېررورلۇق تەشكىلات» دەپ ئېلان
قىلىپ، ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنى تۇتۇپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ۋە مۈلكىنى
مۇسادىرە قىلىش كېرەكلىكىنى «جاكار» قىلدى. تەبىئىي سوئال تۇغۇلىدۇكى ْ
دۇنيا ياشلار قۇرۇلتىيى ۋە ش ت ئىنفورماتسىيە مەركىزى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق
دۆلەتنىڭ ئەدلىيە مىنىسترلىكىدىن رۇخسەت ئالغان بولۇپ، خىتايلار قانداق
ئاساس بىلەن بۇلارنى تېررورست دەپ ئاتىدى؟ ۋاھالەنكى، ئەمەلىيەتتە بۇ
تەشكىلاتلارنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تىل - يېزىقى، تارىخىنى ساقلاپ
قېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداشتىن ئىبارەت. ئىنفورماتسىيە مەركىزى
پەقەت ئىنتېرنېتتىن ئېلىنغان خەۋەرلەرنى تارقىتىش بىلەنلا شۇغۇللىنىدۇ،
خالاس.
ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ، نارازىلىق نامايىشلارغا چىقىشنىڭ سەۋەبى بىرلا -
خىتاينىڭ مۇستەملىكچىلىك سىياسىتى بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە
ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقىنى، قانۇنسىز تۈردە خىتايلارنى شەرقىي
تۈركىستانغا كۆپلەپ ئەكىلىپ ئورۇنلاشتۇرۋاتقىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان
گېنوتسىد سىياسىتىدۇر.
1949
- يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار %96 نى خىتايلار %1 - 2 نى تەشكىل
قىلاتتى. ھازىر بولسا رەسمى مەلۇمات بويىچە خىتايلار %50 كە يەتتى
(ئەمەلىيەتتە ئوشۇق) 2005 - يىلى خىتايلارنىڭ سانىنى 70 مىليونغا
يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.
ب د
ت نىڭ 1948 - يىلى ئىنسان ھەقلىرى باياننامىسىنىڭ 2، 3، 19، 20 -
ماددىلىرىدا ۋە 1975 - يىلى 1 - ئاۋغۇستتىكى ھېلىسنكى كېلىشىمىدە ھەر بىر
ئادەم ئىرقى، رەڭگى، جىنسى، تىلى، دىنى ئېتىقادى، سىياسى ياكى ئىجتىمائىي
ئەھۋالى، بايلىقى، قايسى قاتلامدا ئىكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، ھوقۇقلاردىن
ۋە ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشى كېرەك دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدىن
باشقا ئىنسان قايسى مىللەتتىن بولۇشىغا يەنى ئۇ قەيەردە، سۈۋېرېن مۇستەقىل
دۆلەتتە، ھامىيلىق ئاستىدىكى زېمىندا ياكى بېقىندى - مۇستەملىكە ئەللىرىدە
ياشاۋاتقىنىغا قارىماستىن سىياسى ۋە يۈرىدىك ھوقۇق جەھەتتىن ھېچقانداق
چەكلەشكە ئۇچرىماسلىقى، كەمسىتىلمەسلىكى كېرەك. ھەر بىر ئادەم ياشاشقا ۋە
شەخسەن دەخلىسىزلىككە ھوقۇقلىقتۇر دەپ كۆرسىتىلگەن. مانا شۇ يۇقىرىدا
ئېيتىلغانلارغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز ۋەتىنىدە ئازاد، ئەركىن ياشاشقا ۋە
ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇقتۇر.
بىز
شەرقىي تۈركىستاندىكى (ش ئۇ ئا ر دىكى) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كېلەچەك تەقدىرى
ئۈچۈن بەكمۇ تىنچسىزلانماقتىمىز. بىز مەركىزى ئاسىيادا تىنچلىقنىڭ
ساقلىنىشىنى خالايمىز. شۇڭا سىز ئالىي جانابلاردىن تۆۋەندىكى چارىلارنى
كۆرىشىڭلارنى سورايمىز:
1-
خىتاي ھۆكۈمىتىنى سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى توختىتىشقا
چاقىرىش؛
2 -
خىتاي رەھبەرلىرىنى دۆلىتىدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى ھۆرمەتلەشنى، شەرقىي
تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە يول
بېرىشكە چاقىرىش؛
3 -
شەرقىي تۈركىستانغا قانۇنسىز كۆپلەپ خىتاي كۆچۈرۈشنى توختىتىشقا چاقىرىش؛
4 -
خىتاي بىخەتەرلىك مىنسترلىكىنىڭ 2003 - يىلى 15 - دېكابىردىكى
ئېغۋاگەرلىكىنى ئەيىبلەشن؛
5 -
نېپال، قازاقىستان، قىرغىزستان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ
كېلىشكە مەجبۇر بولۇپ، سىياسى باشپاناھ سورىغانلارنى قانۇنسىز تۈردە
خىتايغا قايتۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى توختىتىشقا چاقىرىش؛
6 -
سىزلەرنىڭ ئا ق ش ھۆكۈمىتىدىن گۇئانتانومودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا
ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چارە كۆرىشىڭلارنى ئۆتۈنۈپ سورايمىز.
بىشكېكتىكى ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش «دېموكراتىيە» تەشكىلاتى ۋە
ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئا ق ش نىڭ ئافغانىستان، ئىراق قاتارلىق جايلاردىكى
تېررروىزمغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى قوللايدۇ ۋە قىرغىزستاندىكى ئا ق ش نىڭ
«گانسى» ئاۋىئا بازىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا مىننەتدارمىز دەپ ھېسابلايدۇ.
بىشكېك شەھرىدىكى ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش «دېموكراتىيە» تەشكىلات رەئىسى:
تۇرسۇن ئىسلام
كېڭەش ئەزالىرى:
ش.
ئابدۇرېھىم، ئى. باسىت، ئى. قاسىم، ئا. زىياۋۇدۇن، د. سەلىيۋ، ئا.
زىياۋۇدىنوۋا، ش. سەلىيېۋا، د. زۇلپىقاروۋ.
2004
- يىل، يانۋار
بىشكېك، قىرغىزستان |