English

Türkçe

 

عربي

ئۇيغۇرچە

 

قادىر كېرەم شەھيارى

تارىختا كۆرۈلمىگەن دەھشەت

1997- يىل ئىستانبۇل 

مۇئەللىپنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

 يازغۇچى قادىر كېرەم 1934- يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق شايار ناھىيىسىنىڭ يېڭى مەھەللە يېزىسىدا ئوتتۇراھال ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.

7 يېشىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولۇپ، ئۇندىن كېيىن شۇ يېزىدىكى دىنىي، پەننى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1940 - يىلدىن 1941 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. 1952 - يىلدىن 1953 - يىلىغىچە شىنجاڭ پارتىيە مەكىتىبىدە ئوقۇغان.

1941 - يىل سىنتەبىردىن باشلاپ شاياردا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، كېيىن مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1947 - يىلدىن 1950 - يىلى 7 - ئايغىچە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى غۇلجا شەھىرىدە مۇئەللىم بولغان. ئۇندىن كېيىن بىر مەزگىل ئاقسۇ ۋالى مەھكىمە مائارىپ بۆلۈمىنىڭ مۇپەتتىشى بولغان. 1956 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە ماتېرىيال بۆلۈمىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن. 1963 ـ يىلى سىياسى سىقىلىش سەۋەبىدىن ئائىلىسى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىپ، قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھرىدە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن پىنسىيەگە چىقىپ، يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1999 ـ يىللىرى ئالەمدىن ئۆتكەن. 

كىرىش سۆز

 قولىڭىزدىكى كىتابچە «تارىختا كۆرۈلمىگەن دەھشەت» دە ئىسمىغا لايىق مەزلۇم شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتمۈشىدە ۋە ھازىر بولىۋاتقان خىتايلارنىڭ زولۇملىرى، خىيانىتى، ھىيلە ـ مىكرى، ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىقى نەمۇنە ـ نەمۇنە قىلىپ كۆرسىتىلگەن. بۇ كىتاب ئوقۇغانلارنىڭ ۋاقىت ئۆتكەنسىرى كەمسىتىش، جاپا ـ مۇشەققەت، تەڭسىزلىك ۋە زولۇملارنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئاتا ـ ئانا، ئەجدادلىرىمىز قايغۇ ۆ ھەسرەت بىلەن دۇنيادىن ۋىدالاشقان بولسىمۇ بۈگۈنكى ئەۋلادلارنىڭ خىتاينىڭ زولۇملىرىنى ئۇنتۇشنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن ئەسلىتىپ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز، مەزلۇم خەلقىمىزنى زولۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئەجدادىمىزنىڭ قان قىساسىنى ئېلىش ئوي  ـپىكىرلىرىنى قوزغاشتا سىگىنال بولغۇسىدۇر.

گېنىرال ۋاڭجىن 1949 - يىلى ئۈرۈمچى ئايرىدۇرۇمىدا ئايرىپىلاندىن چۈشۈپلا قارشى ئالغۇچىلارغا: «بىز سىلەرگە مېھمان، ئىشىڭلارنى تەرتىپكە سېلىپ بېرىپ ئىككى يىلدىن كېيىن چىقىپ كېتىمىز» دېگەن. ئىككى يىل ئورنىغا 48 يىل مېھمان بولدى. بۇ مېھماندارچىلىقىمۇ ياكى مۇستەبىتلىكمۇ؟

كەلگۈسىدە خىتاي مۇستەملىكچىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋاقتى كېلىپ قالغاندا ئەۋادلىرىمىزنىڭ بۇ نۇقتىنى ئىېسىدىن چىقىرىپ قويماسلىقى لازىم.... ھۆر دۇنيادا ياشاۋاتقانلار بولسۇن مەيلى شەرقىي تۈركىستاندا ئوت ئىچىدە ياشاۋاتقانلار بولسۇن بېشىدىن كەچۈرگەن مۇستەملىكچى خىتايلارنىڭ زولۇملىرىنى ئەينەن يېزىپ قالدۇرۇشلىرى، خىتايدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇشى لازىم. ئاپتۇر قادىر كېرەم جانابلىرىغا كۆپ رەھمەت. توختاپ قالماستىن ئىلگىرىلەپ، غەيرىتىنى ئاشۇرۇپ خوتەن، قەشقەر، بارىن، پەيزىۋات، قاغىلىق، يەركەن، كۇچار ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پىدائىي ياشلىرىمىزنىڭ خىتاي زولۇمىغا بولغان غەزەپ، نەپرەت ۋە قارشىلىقلىرىنى ئەسلىتىپ كىتابچە ـ كىتابچە قىلىپ چىقىرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھ رازى بولسۇن.

1997 - يىل 31 - ماي 

تارىختا كۆرۈلمىگەن دەھشەت

 1949 - يىل 25 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ، 2 دالا ئارمىيە بىلەن شەرقىي تۈركىستان دۆلەت چېگرىسىدىن بېسىپ كىرگەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمرانلىرىغا كەلسەك: ئۇلار، دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۆزلىرىنى ناھايىتى يوۋاش كۆرسىتىپ، يۇمشاق مۇئامىلە قىلىپ، شىرىن سۆزلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئالدىماقچى بولغانىدى.

ئالى قۇماندان گېنېرال «ۋاڭچىڭ» ئۈرۈمچى ئايرىدرۇمىدا ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپلا قارشى ئېلىشقا چىققانلارغا: «بىز سىلەرگە مىھمان، ھەممە ئىشلىرىڭىلارنى تەرتىپكە سېلىپ بېرىپ 2 يىلدىن كېيىن كېتىمىز. بۇ ماۋجۇشىنىڭ سۆزى» دەپ كۆپچىلىكنى ئىشەندۈرگەنىدى. ئەينى سۆزنى  1951 - يىلى ئاقسۇنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسىمۇ ئېيتقان. بۇنداق سۆزلەر ھەقىقى بولماستىن ماھىيەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى چىكىپ باققانلىق ياكى ئالدىغانلىق ئىدى. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ كېيىنكى ئەمىلىيىتى ئۇنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ماۋچىلار شەرقىي تۈركىستاندا دەسلەپكى قەدەمدە ھاكىمىەيت قورۇشتا، ئۆز ـ ئۆزىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزلىرىگە قارشى كۈچلەرگە زەربە بېرشنى بىرگە ئېلىپ باردى. بولۇپمۇ 1951 - يىلدىكى تەتۈر ئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە خەلق ئىچىدە ئابرويغا ئىگە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ئېتىپ تاشلىدى. مەسىلەن: غولجا شەھىرىدىن مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى ئابدىغوپۇر سابىر ھاجى، پۇت پولكاۋنىڭ قۇربان ئاكا، كىچىك ئوفىتسىر ياقۇپ راخمان، غۇلجا شەھەر رايونلۇق ساقچى باشلىقى ئىلدىرىم (مەخسۇت ئەپەندى ئوغلى)، شىخۇ ھاكىمى نەسىردىن، قورغاس ھاكىمى، سۈيدۈڭ شەھىرىدىن ھۇشۇر مۇھەممەد، قازى باي، سىيت ھاجى قاتارلىق 13 كىشى بىر كۈندە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. كەڭ ساي سارى بۇلاقتىكى قازاقلاردىن ئىدىرىس، خىتايلارنىڭ ھېسابسىز ئادەملەرنى ئېتىۋاتقانلىقىغا چىداپ تۇرالماي ئوغلى بىلەن ئىككىسى سۈيدۈڭ ناھىيىلىك ساقچى باشلىقى غۇجالاقنى ئىككى ساقچىسى بىلەن ئېتىپ تاشلاپ تاققا چىقىۋالغان بولسىمۇ، بۇلارغا باشقا يەردىن ياردەم بولمىغانلىقىتىن تۇتۇپ كېلىنىپ سۈيدۈڭ شەھىرىدە ئاتا ـ بالا ئېتىپ ئۆلتۈرلدى. سۈيدۈڭ كۈرەسىدىن بەكرى غازى بىلەن ئوغلى ئابدىغىنى غازىلار ئېتىپ تاشلاندى. ئۈرۈمچىدىن قۇربان قۇداي، ئابدۇلئېزىز مەخسۇم (چىڭگىزخان)، قازاق خەلقىنىڭ مىللىي قەھرىمانى ئوسمان باتۇر، مالىيە نازىرى جانىم قان ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەر ئېتىپ تاشلاندى. شايار ناھىيەت يېڭى مەھەللە يەكشەنبە يېزا بازىرىدىن غوفۇر دوببىگى قاتارلىق نۇرغۇن كىشىنى بىر كۈندە ئېتىپ تاشلىغان. بىر يېزىدا مۇنداق خۇنخۇرلۇق ئېلىپ بېرىلسا، ناھىيە بويىچە قانچىلىك قېرىنداشلىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى؟

يېڭى ھايات گېزىتىنىڭ 1967- يىل 6- ئاپىرىل كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان بىر ماقالىدا: 1951 - يىلى شەرقىي تۈركىستان بويىچە 30 مىڭ ئادەم تۇتقۇن قىلىنىپ ئۇنىڭدىن 12 مىڭ ئادەم ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، شۇ يىلى 12 - ئاپرىل كېچىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىنلا 800 ئادەم قولغا ئېلىنىپ، 221 نەپىرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

تەقدىرى ئېغىر خەلقىمىزنىڭ ھېسسىيات تەرەپتىن ئويغىتىشنىڭ ئورنىغا، قۇللۇق پەنجىسى بىلەن باشقۇرىدىغان دىكتاتۇرغا قورال كۈچى بىلەن بويسۇندۇرۇلدى. لېكىن، خىتاي كوممۇنىست جاللاتلىرىنىڭ ناھەق باستۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈشلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى قورقۇش ئەمەس، ئەكسىچە جاي ـ جايلاردا خىتاي قانخۇرلىرىغا قارشى غەزەپلىنىش، نەپرەتلىنىش ھەرىكەتلىرى كۈچىيىشگە باشلىدى. مەسىلەن: 1951- يىلى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىدىن ياقۇپ راخمان، مالىك ھاجى، ئىدرىسلەرنىڭ قوراللىق ۋە قورالسىز قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى خىتاي ئارمىيەسى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يوۋاش ئەمەسلىكى ئىسپاتلاندى. تەتۈر ئىنىقلابچىلارنى بېسقتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تىغ ئۈچى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارىتىلغانلىقى ئايدىڭلاشتى. ئۇ بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندا بىر نەچچە ئونمىڭلىغان خەلقنىڭ قېنىنى تۆككەن، بۇلاڭچىلىققا كىرىشىپ، بىر نەچچە شەھەرگە ئوت قويۇپ، بۇلاڭ ـ تاڭلار يۈرگۈزگەن گومىنداڭ ئارمىيىسى ئىشلەپچىقىرىش ئارمىيەسىگە ئۆزگەرتىلدى. شۇنداق قىلىپ بۇ قانخۇرلار ھېچقانداق جازاغا تارتىلمىدى. ئۇنىڭ باش قۇماندانى گېنېرال «تاۋسيۇ» شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن قۇماندانى ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگەرتىلگەن ئۆز ئارمىيەسىنىڭ باش قۇماندانى ۋەزىپىسى بىلەن ئىشلەپ كەلمەكتە.

ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيەسىگە كەلسەك: قىزىل خىتاي ھۆكۈمرانلىرى يېڭى كەلگەن ۋاقىتلىرىدا، ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيەسى گومىنداڭ كۈچلىرىنى پارچىلاپ يوق قىلدى ۋە نوختىلاپ ئېلىپ گومىنداڭنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئارمىيەسىنى ئىچكى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشقا چارىسىز قالدۇرىدى دەپ توغرا خۇلاسە چىقىرىشقانىدى. شۇنداقلا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جۇڭگۇ ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى دەپ، پەلەككە كۆتۈرۈشكەنىدى. كوممۇنىست خىتايلار چىڭىپ ئالغاندىن كېيىن، ئۈچ ۋىلايە ئارمىيىسى بىلەن سابىق ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئۇبىكتىپ دۈشمىنىگە ئايلاندى. چۈنكى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مىللىي مۇستەقىللىقىنى ئاساس قىلاتتى. بۇ غايە كوممۇنىستلارنىڭ نەزەرىدە ۋەتەننى بۆلىۋېتىش دەپ قارىلاتتى. شۇڭا ئۇلار مۇستەملىكىچىلىك مەۋقەسىدە تۇرۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا نىسبەتەن غالجىرلاشتى. ئۇنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى تارقىتىپ تاشلاشتىن تاشقىرى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى يېتشتۈرگەن رەھبەرلەرنى ھەر خىل يوللار بىلەن يوقىتىپ تاشلىدى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرى غېنى باتۇر بىلەن پاتىق باتۇرلارنى، 1951 - يىلى 25 - ئاپرىل كۈنى ئېچىلغان شىنجاڭ ئۆلكىلىك ساختا خەلق ۋەكىللەر قورۇلتىيىدا قاماققا ئالدى. مىللىي ئارمىيە 5 - كورپوسقا ئۆزگەرتىلىپ ئۇنىڭ ئىچكى ئاپپاراتى خىتاي كوممۇنستلىرى بىلەن تولدۇرۇلدى. مىللىي ئارمىيە كوماندىرلىرى بولسا سىياسى كۇرسلارغا جەلب قىلىنىپ، تازىلاش، تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، مەمۇرى خىزمەتلەرگە ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن 2 - 3 يىل ئىچىدە توزغاقتەك توزىتىلىدى. ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇنىڭ ئارمىيەسى دەپسەندە قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ئارمىيەسى شەرقىي تۈركىستاندا ئاساسى كۈچ بولۇپ قالدى. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى، ئۆلكىدە تەتۈر ئىنقىلابچىلارنى يوقىتىش سىياسىتىگە بىرىكتۈرۈپ يېزا ئىگىلىكىدە، «ئىجارە ھەققىنى كەمەيتىش ۋە زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش» نىقابى بىلەن يېزا ئىگىلىكىدە يەنە نۇرغۇن كىشلەر قولغا ئېلىندى ھەم ئېتىپ تاشلاندى. زومىگەر دەپ ئېتىلغانلارنىڭ بايلىقلىرىنى «غالبىيەت مېۋىسى» نامى ئاستىدا، كەمبەغەل دېھقانلارغا ئاز ـ تولىدىن تەقسىم قىلىپ بەرگەن بولدى. بۇنىڭ بىلەن يېزا ئىگىلىكى شارائىتىدا ئىقتىساتنىڭ تىلىنى، قانۇنىيىتىنى بىلىدىغان پومشىچىكلارنى يوقىتىپ، كەمبەغەللەرنىڭ قەددىنى كۆتۈرگەن ھېسابتا يېزا ئىقتىسادىنىڭ يىلدىزىغا پالتا چاپتى ۋە كېسىپ تاشلىدى. غالبىيەت مېۋىسىنى ئېلىشقان كەمبەغەل دېھقانلارمۇ قەددى رۇسلاپ كېتەلمىدى. بۇ پەقەت، كەمبەغەللەرنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن قوللانغان چارە ـ تەدبىرى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سىنىپى تەركىپ ئايرىلىپ، بۇ ئاساستا يەر ئىسلاھاتى يۈزگۈزۈلۈپ پومېشىچىك، باي دېھقان، ئوتتۇرا دېھقان، كەمبەغەل دېھقان دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەن ئادەملەرنى 4 كاتىگورىيە ياكى سىنىپقا بۆلۈپ، سىنىپى دۈشمەن دېگەن قالپاقلار كىيگۈزۈلۈپ ئادەملەر ئارىسىدىكى قانداشلىق مۇناسىۋەتنى ئىقىسادى چەكلىمە بىلەن بوزۇپ تاشلاپ، ئۇلارنى بىر ـ بىرىگە قارشى قويۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. بۇ سىياسەتنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئىقىسادى ئورنىدىن ئايرىلغان بۇ ئادەملەر يەنىلا سىنىپى دۈشمەن سۈپىتىدە ھاقارەتلىنىپ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالدى. بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى تۇرمىلارغا تاشلانغان بولسا، قولغا ئېلىنماي قالغانلىرى يېزا ئىگىلىكىدە ئەمگەكنىڭ ئەڭ ئېغىرىغا سېلىنىپ، تەقدىرلىرى شۇ جازا مەيدانلىرىدا خارلىنىش بىلەن بۇ زۇلمەتلىك دۇنيادىن خوشلاشتى. پومېشىچىك دەپ ئاتالغان كىشىلەرنىڭ قولىدا ھېچقانداق ئىقىسادى مەنبە قالمىدى. ئۇلارغا قارىغاندا، باي دېھقانلارغا قوللىنىلغان سىياسەت پەرقلىق بولۇپ، ئۇلار قوللىرىدىكى ئىقتىسادى بايلىقى پومېشىچىكلاردەك تالان ـ تارج قىلىنمىغان بىلەن، ئۇلارنىمۇ ئىقىسادى چارىلەر بىلەن يىلىكىنى قورۇتتى. ھەر يىلى باي دېھقانلارنىڭ يەرلىرىدىن ئېلىنىدىغان باج ـ سېلىقلار نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇلۇپ، بۇلارمۇ ئاخىرقى ھېسابتا بىر نانغا زار بولدى. شۇنداق قىلىپ پومېشىچىكلەر بىلەن باي دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى ئىقتىسادى ئورنى يەر بىلەن يەكسان بولدى. يېزا ئىگىلكىمۇ خارابلاشتى. ئەمدى ئۇلارنىڭ يەر مۈلكىگە ئىگە بولغان كەمبەغەل  دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشتا ئىلگىرىلەپ، قانچىلىك ئىقتىسادى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا بىر نەرسە دېيش قىيىن. ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا كەمبەغەل دېھقانلارنىڭ دوپپىسىغا جىگدە سالدى. پومېشىچىكلەردىن تارتىۋېلىپ بېرىلگەن يەر ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى كوفراتسيەلەشتۈرۈش باھانىسى بىلەن تارتىۋېلىنىپ كوفراتسيەلەرنىڭ ئومۇمى مۈلكىگە ئايلاندۈرۈلدى. دېمەك، يېزا ئىگىلىكى كوفراتسيەلەشتۈرۈلدى. كوفراتسيەلەشتۈرۈش مەجبۇرى بولغانلىقى ئۈچۈن ھېچكىم بۇنىڭ سىرتىدا قالمىدى. مەيلى دېھقان، مەيلى قول ھۇنەرۋەن كوفراتسىيە ئەزاسى بولۇشقا مەجبۇر قىلىنىدى. كېيىنرەك، بۇ باشلانغۇچ كوفراتىسىيە ئالى كوفراتسىيەگە  ئۆزگەرتىلدى. يېزا ئىگىلىكىنى مانا شۇنداق ۋەيران قىلغان. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيتى، بۇنىڭ يوقىتىشنىڭ ئورنىغا جاھىللىقى بىلەن يېزا ئىگىلكىدە «كوممۇنا» قۇرۇلۇپلا، كوفراتىسىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆي ـ ئايۋان، قاچا ـ قومۇشلىرىغىچە مەجبۇرى تارتىۋېلىنىپ، ھەممە ئادەمنى كوممۇنانىڭ ئوپچا قازىنىغا قارىتىپ قويدى. كۈنىگە ئۈچ قېتىم قاتار تىزىلىپ، قارا داشقازانغا تەلمۈرۈشكە مەجبۇر قىلىندى. يامان يېرى شۇكى: ئەزالار، ياخشى كۆرگەن تائاملىرىنى بىر ئامال قىلىپ ئايلاپ بىر قېتىم ئۆيلىرىدە يوشۇرۇپ يېگەنلىرى بىلىنىپ قالسا، ئۇنداق ئەزالارنى كوممۇنانىڭ ئوپچى قازىنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى دەپ ئەزالار يىغىنىدا تەنقىت، كۈرەش، بويسۇنمىغانلارنى تۇرمىغا تاشلاشقا ئوخشاش زورلۇقلارنى ئىشلەتتى. ئۇنداقلارنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان  كومۇنانىڭ پالاقچىلىرى ئىشقا سېلىناتتى. كومۇنادا دېھقانلار ئەمگەك ھەققىگە ئىگە بولالمايتتى. يېرىم ئاچ يېرىم توق ئىشلەش دېھقانلار ئۈچۈن ئۇلارنى ماددى جەھەتتىن رىغبەلەندۈرۈشكە كوممۇنانىڭ ئىقسادى يەتمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كومۇنادا يېزا ئىگىلىككە دائىر تېخنىك قوراللىر يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كومۇنانىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتى كۈنسايى تۆۋەنلەشكە باشلىدى. يېزا ئىگلىكىدىكى كوممۇنا تۈزۈمىنىڭ پاسسىپ ھالىتى دۆلەتنىڭ ئاشلىققا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرالمىدى. بۇ ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئادەملەرنىڭ ئەركىن تەمىنلىنىشىگە چەك قويۇلدى. ئىختىيارى سېتىۋېلىپ خالىغانچە ئوزۇقلىنىدىغان ھايات ئۆزگەردى. دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش تەمىنلەش (يەنى نورما سىستېمىسى) يولغا قويۇلدى. بۇنىڭدا: يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەك، رەخ، ھەتتا تاماكا، ھاراق قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تالۇنغا ئۆزگەرتىلدى. تالۇنسىز ھېچنەرسە بېرىلمەيدىغان بولدى. دېمەك، شەرقىي تۈركىستاننى جۇتلۇق قاپلىدى. ئۇن چوڭ كىشىگە ئېيىغا 14 كىلوگىرام، كىچىك بالىلارنىڭ يېشىغا قاراپ 3 كىلوگىرامدىن 5 كىلو گىرامغىچە، گۆش، ئېيىغا يېرىم كىلو، ياغ، ئېيىغا 4 سەر.....

نورما تۈزۈمى شەھەرلەردە مۇقىملاشتۇرۇلغان بولسىمۇ يېزىلاردا شەھەردىكىدەك بولماستىن كوممۇنانىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتى ئاساس قىلىناتتى. ئەگەر مەھسۇلات يۇقىرى بولسا، ئەزالارغا بېرىلىدىغان نورما بىر قەدەر ياخشى بۇلاتتى. مەھسۇلات تۆۋەن بولسا نورمىمۇ تۆۋەنلەپ كېتەتتى. ھەتتا دۆلەتكە ئاشلىق سېتىپ بېرىشكە دەخلى يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن دېھقانلارغا نورما بىرىلمەيمۇ قالاتتى. بۇ ئەھۋالدا دېھقانلاردا باشقا ھېچقانداق تەمىنلىنىشكە ئىمكانىيەت بولمىغانلىقتىن، شۇ جايدا ئاچارچىلىق كېلىپ چىقاتتى. مەسىلەن:

1959 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقتىن ناھىيە  نوپۇسىنىڭ 3 تەن بىرقىسمى ئۆلۈپ كەتتى. شۇ ۋىلايەتكە قاراشلىق توقسۇن ناھىيىسىدىن 4 مىڭدەك ئادەم ئاچىلىقتىن ئۆلدى. شۇ يىللىرى قومۇل، تۇرپان خەلقى يانتاق بىلەن قوناق مەدىكىنى ئۇن تارتىپ يەپ، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان «ئۇششۇق» كېسەللىكى بىلەن نۇرغۇن ئادەملەر ئۆلۈپ كەتتى. بۇ ئاچارچىلىق ئاپىتى 1962 - يىلى قەشقەر پەيزىۋات ناھىيىسىدە باشلىىنىپ ناھىيە خەلقىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى. بۇ ئاپەت ئۈستىگە كەلگەن ئاپتونوم رايونلوق پارتكومنىڭ بىرىنچى كاتىۋى «ۋاڭ ئىنماۋ» شۇ يىل 4 - ئايلاردا، پەيزىۋات خەلقىنىڭ ئايلىق نورمىسىنى ئاران 5 كىلوگىرامغا كۆتۈرەلىگەنىدى. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن بۇ ئاچارچىلىق پاجىئەسىنى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى كوممۇنا تۈزۈمى ئارقىلىق قەستەن كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. بىز پەقەت ئۈچ ناھىيىدە يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقنى سۆزلەپ ئۆتتۇق.

ئەندى شۇ كوممۇنانىڭ ئوپچا قازىنىدىن بېرىلگەن ئۈچ ۋاقلىق قوناق ئومىچى ئۈستىدە توخىتىلىمىز:

«مۆھتەرەم كىتابخانلار! شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى، بولۇپمۇ قەشقەرىيە خەلقىنى قىرغىنغا ئۇچراتقان بىردىنبىر ئاپەت، كوممۇنانىڭ ئەزالارغا بېرىدىغان ئومىچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇق سۇغا چىلىنىپ بېرىلىدىغان كۈندە 3 قېتىملىق ئوماچنى ئادەملەر بىر ھەپتە ئىچكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىغا كېسەل پەيدا بولۇپ، بۇ ئاغرىق سىرتقى ئەزاغا ئۆرلەپ، قارا تەمرەتكىگە ئۆزگىرىدىكەن. بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغان ئادەم بىر ھەپتە ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدىكەن. قارا تەمرەتكە بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانىنى بىلىپ بولۇش قىيىن» سۆزلەپ بەرگۈچى مۇھەممەت ئېلى ھاجى 1993- يىلى 15- ئاپرىل ـ ئالمۇتا.

بۇ دەۋردىكى پاجىئەگە قارىتىپ ئېيتىلغان قوشاق:

كەلدى بۇ، خەلقنىڭ بېشىغا كەلگۈلۈكنىڭ بارچىسى،

يېمىگى بىر جىڭ قوناق ئۇن، باشقا يوق نان پارچىسى.

دائىما ئىشلەپ ئېتىزدا، ئەر ـ ئايال ئوغلى بىلەن،

كۈزلىكى خاماندا باسقاي، باشىنى غەم ـ قايغۇسى.

گەر كىشىدىن چىقسا ئاۋاز، ۋەتىنم يا مىللىتىم،

بوينىغا سىرتماق بولۇر، باغلاش ئۈچۈن ئارغامچىسى.

بىر كىشى كەلسە بازارغا، ھاجەت ئۈچۈن بىر نەرسىگە،

پوققا ئولاشقان چىۋىندەك خۇددى جۇسا ساقچسى.

دائىما بۇنداق ئۆتەرمۇ، ئاھۇ دات پەريات بىلەن،

ياكى تەڭرىم بەرگۈسى، رەھمەت دېڭىزدىن تامچىسى.

كوممۇنانىڭ ئوپچا قازىنى خەلقىمىزنىڭ ئىسىل ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى دەپسەندە قىلدى. كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىززەت، ھۆرمەت، ئەرزىمەيدىغان نەرسە بولۇپ قالدى. مويسىپىت ئاقساقاللار، ئاقچاچ مومايلار، قوللىرىدىكى تاۋاق تىترىگەن ھالدا بىر چۆمۈچ ئوماچ ئۈچۈن قارا قازانغا تەلمۈرۈشۈپ ياش ئارىلاش، ـ ئى خۇدا! بۇ كۈنلەرنى بەندىلىرىڭگە ھەرگىز كۆرسەتمىگىن دەپ پىچىرلاپ نالە قىلىشاتتى!

ئەسىرلەر بويى، ئۆز يەرلىرىگە يەككە ـ يېگانە ئىشلەپ ياشاپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان دېھقانلىرى، قىزىل خىتاي دەۋرىدە تارىختا كۆرمىگەن خورلۇقلارنى باشلىرىدىن كەچۈردى. چارۋىچىلىق رايونلىرىدىمۇ ئەھۋال ئېغىرلاشتى. چارۋىلارمۇ چارۋا ئىگىلىرى قولىدىن تارتىۋېلىندى. چارۋىچىلىقتىن ھېچ بىر ساۋادى يوق خىتاي كادىرلىرىنىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتكۈزۈپ قويۇپ نۇرغۇنلىغان چارۋىلارنىڭ قىرىلىشىغا سەۋەب بولدى. ئالتاي، چۆچەك ۋە ئىلى قاتارلىق جايلاردىن قازاق چارۋىچىلاردىن 500 دىن ئارتۇق كىشىنى ئۆگىنىشكە چاقىرىش باھانىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە ئەكەلدۈرۈپ، بىر ئاز ۋاقىت ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرغاندىن كېيىن، «ئەمگەك بىلەن چېنىقتۇرۇش» دېگەن رەڭۋازلىقنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ قارا يولغۇن كەنتىگە ئاپىرىپ، ئىسسقتا ئۆستەڭ چاپتۇرغان. شۇ ئەمگەك داۋامىدا بۇلارغا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىپ تەڭدىن تولىسى ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان يۇقىرىقى چارۋىچىلاردا نارازىلىق كۈچەيگەندىن كېيىن بۇنى توختىتىش ئۈچۈن ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلىلىرگىە بىرەر توپتىن خەسە، چاي، بىر ئاز پۇل قاتارلىق نەرسىلەرنى بېرىپمۇ غۇلغۇلىنى توختىتالمىغان. ئەھۋالنىڭ جىددىلىشىۋاتقانىلىقىنى چۈشەنگەن خىتاي ھاكىمىيەت ئورۇنلىرى، چارۋا رايونلىرىغا قاراتقان بۇ خاتا سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، چارۋىلارنى قايتا ئىگىلىرىگە بۆلۈپ بېرىش بىلەن يەنە چارۋىلارنى ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتى توغۇلىدۇ.

دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقتا ئومۇمى بايلىقلىرىنى قوغداپ كېلىۋاتقان كىشىلەرگە قىلىنغان زىيانكەشلىكلەر ئارقىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىيىتى سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز خاراپلاشتى. مانا شۇنداق تېتىقسىز سىياسەتكە دۇچار بولغان خەلقىنىڭ جېنى تۇمشۇقىغا كەلگەندە قويىۋېتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، دېھقانلار كوممۇنادىن قۇتۇلۇپ، ئاز ـ تولا شەخسى يەرلەرگە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۆزمۈلكى ھېسابىدا كىچە ـ كۈندۈز ئىشلەپ ئاز ۋاقىت ئىچىدە يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق جەھەتتىن بىر ئاز تىرىلىشكە باشلىغان. ئىلگىرى سىنىپى دۈشمەن دېگەن شەخىسلەرنىڭ بالىلىرى قايسى جاي ـ قايسى ئىگىلىكتە بولمىسىۇن، باشقىلارغا قارىغاندا ئىقتىسادى جەھەتتىن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن 1951 - يىلى يەكشەنبە بازاردا ئېتىپ تاشلانغان غۇپۇر دوببىگىنىڭ 3 ياشتا قالغان ئوغلى رۇبىل ھاجى ئانىسى جەمىلەخان تەربىيەسىدە قېلىپ، كۆرمىگەننى كۆرۈپ، يېمىگەننى يەپ چوڭ بولۇپ، ئەقىللىق ئائىلىدە توغۇلغانلىقى ئۈچۈن، مانا ھازىر ئۇ كىشى سودىگەرچىلىك بىلەن سوغۇللىنىپ، ئالاھىدە چوڭ ئىقتىسادلىق كىشىلەر قاتارىدا مەشھۇر. بۇنداق مىساللارنى كۆپلەپ كەلتۈرىشىمىز مۇمكىن.

ئەمدى سودا سانائەتچى، قول ھۇنەرۋەنلەرگە كەلسەك: ئۇلارغىمۇ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش سىياسىتى يۈرگۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ يەككە تىجارت، يەككە ئىشلەشلىرىگە چەك قويۇلۇپ، كوللىكتىپلەشتۈرۈلدى. شۇ يول ئارقىلىق ئۇلارمۇ كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ تۇزاقىغا چۈشۈرۈلدى. شۇنداق قىلىپ، ئۈچكە قارشى، بەشكە قارشى (يەنى خىيانەتچىلىككە قارشى) ھەرىكەت ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىسادى بايلىقىنى ئاشكارىلاپ دۆلەت ھېسابىغا ئالدى. مەسىلەن: غولجا شەھىرىدىكى سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن مامۇتاجى نومۇرنىڭ ئىنىسى ئاكىتپلىق قىلىپ، خىيانەتچىلىككە قارشى كۈرەشتە ئاكىسىنىڭ دوكىنى ئاستىغا يوشۇرۇلغان 2 كۈپ كىپەك ئالتۇننى پاش قىلىپ قويغاچقا، ئالتۇن ھۆكۈمەتكە تارتىۋېلىنىدى. سودا ـ سانائەتچىلەر، كۆپىنچىسى ئىقتىسادىدىن ئاجراپ كەتتى. قولىدا پۇللىرى قالغانلىرى بولسا، بارلىق ئىقتىسادىنى بىرلەشمىگە پاي قىلىپ قويۇش ئارقىلىق ئۇنىڭدىنمۇ ئاجراپ كەتتى. مانا شۇنداق يوللار ئارقىلىق ئىقتىسادلىق تىجارەتچىلەرنىڭ قان تومۇرلىرى كېسىپ تاشلاندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەخسىي تىجارەتكە چەك قويۇلدى. شەخسىي كاسىپلارمۇ ئۆز ساھەسى بويىچە كوللىكتىپلەشتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ يەككە ئىشىلىشىكە يول قويۇلمىدى.

ئەسىرلەر بويى ئەركىن ئىشلەپ، جەمئىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەۋلادلىرىنى بېقىپ كەلگەن قولى گۈل ھۆنەرۋەنلەرنى قايغۇلۇغ تۇمان باستى. تاپقان كىرىمىنىڭ مەلۇم پىرسەنتىدىن تاشقىرى ھەممىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. بۇ ئەھۋال، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى تەمىنلىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى. 3 كە قارشى ھەرىكەت، يالغۇز سودا ـ سانائەتچى، قول ھۇنەرۋەنلەر ئارىسىدا ئىجارە قىلىنىپلا قالماستىن، ئىدارە جەمئىيەت، مەكتەپلەر ئارا كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. بولۇپمۇ، ئىقتىسادى ئورۇندا ئىشلىگەن كادىرلار قاتتىق كۈرەشكە تارتىلدى. كۈرەشكە تارتىلغانلار، ئەيىبسىزلىكىدىن بەزىلىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. مەسىلەن: شىنجاڭ دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ باش بوغالتىرى سېتىۋالدى، كۈرەش جەريانىدا ئېسىلىپ ئۆلىۋالدى. مالىيە ساھەسىدە ئىشلىمىگەن كادىرلارمۇ جازادىن سىرتتا قالمىدى. شۇ مەزگىللەردە مەن، ئاقسۇ ۋالى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ئىدىم. مېنى 3 كە قارشى ھەرىكەتتە قاتتىق كۈرەش قىلىپ، بىر مىليۇن خىيانەت قىلغان دەپ يولۋاس قىلىپ، ۋىلايەتلىك ئىدارىلەرنىڭ بارلىق كادىرلار يىغىنىدا، مۇئاۋىن ۋالى «ياڭخۇا» يولۋاس دەرىجىلىك خىيانىتىم ئۈچۈن، بىر چوڭ گۇنا يازغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قورققىنىمدىن ئايالىمنىڭ ئاتىسى قىلدۇرۇپ بەرگەن بىر دانە ئالتۇن بىلەزۈك بىلەن بىر پارچە گېلىمىمنى خىيانىتىم ئۈچۈن، مالىيە بۆلۈمىگە تاپشۇرۇپ بەردىم. مەن راس يولۋاسمۇ؟ ياق. مائارىپ بۆلۈمىدە ئىقتىساد مەسىلىسى يوق. پۇل مالىيە بۆلۈمىدە ناھىيلەرگە مائارىپ ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بارغىنىمدا ئۆز ئارا مېھمان دوسلۇق ئۈستىدە يېيىلگەن تائاملارنى ھېسابلاپ چىقىپ خىيانىتىمنى بىر مىليۇنغا يەتكۈزگەن. بۇ يوقىلاڭ نەرسىلەر بىلەن مېنى يولۋاس قىلىپ جازالاشتىكى غەرەز، مېنىڭ 3 ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقانلىقىمدىن بولغانىدى. بۇ مۇدھىش ھەرىكەت، ماڭا ئوخشىغان سانسىز ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئاققۇزغانىدى. دېمەك 3 كە قارشى ھەرىكەت بىر تەرەپتىن جەمئىيەتتىكى خىيانەتچىلىك ئىشلىرىغا ئۈزۈل كىسىل خاتىمە بېرىشنى مەقسەت قىلغاندەك ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ ئەمەليەتتە، خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىدى ۋە شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئەنئەنىسى بولغان مېھماندارچىلىق، كەڭ دوستۇرخانلىقىغا قاتتىق زەربە بەردى. شۇڭا ئۆز ئارا بېرىش ـ كېلىش دوستۇرخانچىلقنىڭ ھەممىسىنى خىيانەتكە ھېسابلاپ چىقىشنىڭ ئۆزى شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

 

دىنى مەسىلە

 

خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپلا دىنغا قارشى ئوق ئاتتى. كوممۇنىستلارنىڭ تۈپ سىياسى يۆنىلىشى ماركىسىزم، لېلىنىزم ئىدىيىسى بولغانلىقتىن، دىنغا قارشى ئىدى. شۇڭا ئۇلار جەمئىيەتتە دىن تەشۋىقاتى ئىشلىرىغا يول قويمايتتى. شىنجاڭ پارتىيە بروسىنىڭ باش كاتىۋى «ۋاڭجىن» 1950 - يىلى ياز پەسلىدە قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەر شەھىرىدە ئېچىلغان ئاممىۋى خەلق يىغىنىدا، يىغىن سەھنىسىدىن ئورۇن بېرىلگەن ئاخۇنۇملارنى يۈزمۇ يۈز ھاقارەتلەپ، «سىلەر يالغان خۇدايىڭلارنى بازارغا سېلىپ، نادان خەلقنى ئىشەندۈرۈپ، قورساق باقىدىغان بىكارتاپ، ھارام تاماقلار. ئەگەر راس خۇدايىڭلار بولسا ھازىر مېنىڭ جېنىمنى ئالسۇن، بۇندىن كېيىن دىن تەشۋىقاتى ئىشلىرىغا يول قويۇلمايدۇ». دېگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ دىنسىز مەخلۇقلارغا قارشى غەزەپ ـ نەپرىتى ئىچكى دۇنياسىدا تېخىمۇ ئۆرلەپ تاشتى. چۈنكى بۇ جاللاتلارنىڭ دىنغا قارشى بۇنداق ۋەھشىيلىكىگە ئاشكارا قارشى چىقىشى تەس ئىدى. ئۇنداق سۆزلەردىن تاشقىرى دىن ئوقۇش مەدرىسىلىرىنى پۈتۈنلەي تاقىدى. كوممۇنا دەۋرىگە كەلگەندە مەسجىدلەر كوممۇنانىڭ ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇرۇلدى. دېمەك، مەسجىدلەر تاقالدى. ماۋچىلار، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىسىنى چىڭىتىش ئۈچۈن، ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە كىرشتى. ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئۆزى مىللەتلەرنى پارچىلاپ، كۈچسىزلاندۈرۈپ ئىدارە قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان ئىدارە ئىدى. كوممۇنىستلار بۇ سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، 1955 - يىلى 1 - ئۆكتەبىردە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى» قورۇلغانلىقىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە رەسمى جاكارلىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى موڭغۇل، قازاق، قىرغىز، تۇڭگان ۋە باشقىلارنىڭ زېمىن بىرلىكى يوق مىللەتلەر ئىدى. لېكىن كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ مىللەتلەرنى بىر ـ بىرىگە قارشى قويۇش مەقسىتىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بۇ ئاپتونومىيە سىياسىتى ئارقىلىق، ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ قەيەردە نوپۇسى چوڭ بولسا شۇ جاينى ئاساس قىلىپ، ئۇلارنى ئاپتونومىيەلىك ھاكىمىيەت شەكلى بىلەن تەمىنلىدى. ھاكىمىيەت شەكلى بولغان بۇ ئاپتونومىيە تۈزۈمى  قەتئى ئۇلارنىڭ زېمىن بىرلىكى بولالمايدۇ. تۇڭگانلارنىڭ گەنسۇ، مۇڭغۇللارنىڭ تاشقى موڭغۇلىيە، ئويغۇر، قازاق، قىرغىز، تاجىكلارنىڭ زېمىن بىرلىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىكەنلىكىنى تارىخ ئىقرار قىلىدۇ.

خېلى ئەسىرلەردىن بېرى خۇددى بىرئائىلىىنىڭ ئەزاسىدەك ياشاپ كېلىۋاتقان، بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئاپتونومىيە ئارقىلىق ئالاھىدە ئىتىبار بەرگەن ۋەزىيەتنى پەيدا قىلغاندەك تۇيۇلسىمۇ ئەمىليەتتە ئۇلارنى بىر ـ بىرىگە قارشى كۈرەشكە سېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ مەمۇرىيىتى بېشىدا، پارتىيە شىتابىدا باش كاتىپ خىتاي. دېمەك قائىدە بويىچە ھوقۇق خىتايلارغا مەركەزلەشكەن. پەقەت شەكىل جەھەتتىن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر ئىچىدىن خىتايغا سادىق كىشىلەر قويۇپ قويۇلغان. مەسىلەن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى تۆمۈر داۋامەت، سەۋيىسى تۆۋەن، بىلىمسىز ئادەم بولۇپ، خىتاينىڭ غالچىلىرىدىن بىرى. ئۇلار خىتاي ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇقنى شەرتسىز ئىجرا قىلغۇچىلاردۇر. ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت دەپ ئېتىراپ قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى  ئاپتونوم رايون دېگەننىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان قانۇنى بولىشى كېرەك. بۇنداق قانۇن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتتە يوق. مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىگە بويسۇندۇرۇلغان قانۇنى ئاساس قىلىنىپ، شۇ بۇيىچە ئىش بىجىرىلىدۇ. كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چەمبەر شەكلىدە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىياسىتى، ئۆزىنىڭ مۇستەملىكچىلىك ھاكىممۇتلەقلىقىنى مۇستەھكەملەشكە قارىتىلغانلىقى ئۈچۈن، جاي ـ جايلاردا خىتايلارغا قارشى ھەرىكەتلەر باشلىنىپ كەتتى. چوڭ شەھەرلەردە «خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن!» دېگەن شۇئارلار پەيدا بولۇشقا باشلىغانىدى. بۇ ھەرىكەتتە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىققان خوتەن خەلقى بولدى.

 

خوتەن ئاتچۇي ئىنقىلابى

 

تارىخ پەنلەر كاندىداتى، ئىستىداتلىق ئالىم مەرھۇم مەھمۇد قۇتلۇقنىڭ «خوتەن ئاتچۈي ئىنقىلابى» نانلىق ماقالىسىغا (1990- يىلى تۈركىيەدە چىقىدىغان شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى ناملىق ژورنالغا بېسىلغان) ئاساسلانغاندا 1954 - يىلى دېكابىر ئايلىرىدا خوتەن ۋىلايىتى ئىلچى ناھىيىسىنىڭ ئاتچۇي كەنتىدە نىيازبەگ ھاجىنىڭ ئۆيىدە، خوتەن قاراقاشلىق ئابدۇلھەمىد داموللام ۋە پەتھىددىن مەخسۇملار باشچىلىقىدا «تەشكىلى نىجاتلىق» پارتىيىسى قۇرۇلۇپ، پارتىيىنىڭ جىددى يىغىنى ئېچىلىدۇ. يىغىندا 1955 - يىلى 15 – نويابىر كۈنى قوزغىلىش قارار قىلىنغان. پەتھىددىن مەخسۇم باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم پىدائىلار، ئاتچۇي كەنتىدىكى 2 - تۈرمىگە تۇيۇقىسز ھۇجۇم قىلىپ، تۈرمىدىكى ساقىچلارنىڭ قولىدىكى قۇراللارنى تارتىۋېلىپ، دەرھال خوتەن سېپىلى ئىچىدىكى خىتاي قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاندىن شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈشنى پىلانلىغان. بۇ پىلاننىڭ بىرىنچى قىسمى ئەمەلگە ئاشىدۇ. تۈرمە ئالدىدىكى 5 نەپەر ساقچىنى يوقىتىپ، قۇراللىرىنى ئولجا ئالىدۇ. بۇ ئەسنادا مەھبۇسلار ئارىسىدىكى ئۆمۈر بويى ھەپىسگە ھۆكۈم قىلىنغان ۋاڭ پامىلىك بىر گومىنداڭ تۇۋەنجاڭى، قوزغىلاڭچىلار سېپىگە قوشۇلىۋېلىپ، مەن ماشىنا ھەيدەپ بىرەي دەپ بىر قىسم پىدائىلارنى ماشىنا بىلەن ئېلىپ يولغا چىقىدۇ. بۇ خائىن شورۋاغ كۆۋرۈكىگە كەلگەندە ماشىنىنى تېز ھەيدەپ، قاتتىق سىېگنال بېرىپ سېپىل ئىچىدىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويغان. ئۇلار ئەھۋالنى ئۇقۇپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئۈستىگە بېسپ كېلىدۇ. نەتىجىدە پىدائىلار چېكىنىدۇ. ئىنقىلاپ رەھبەرلىرى خەلق ئىچىگە يوشۇرنىدۇ. بۇ ئىنقىلاب مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، 1300 ئادەم قولغا ئېلىنىپ كۆپلىرى ئۆلتۈرۈلىدۇ. لېكىن بۇ ئىنقىلابنىڭ تەسىرى بىلەن خوتەندە يوشۇرۇن ـ ئاشكارا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى.

خوتەندە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭنى باھانە قىلغان خىتاي كوممۇنسىت ھاكىمىيىتى خوتەننى نۇقتا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئومۇمىيۈزلۈك تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ بولسىمۇ 1957 - يىلدىن 1959 - يىلىغىچە داۋام قىلغان ئىستىل تۈزۈتۈش ۋە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش دولقۇنى ئىدى.

بۇ ھەرىكەت باشلىنىشتىن بۇرۇن ياكى كېڭەيتىلگەن يىغىن (ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەرىپىدىن) ئېچلىشتىن ئىلگىرى، كوممۇنسىت ھاكىمىيىتى يۈزگۈزگەن ھەر بىر سىياسى ھەرىكەتتە، مىللىي كادىرلارنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان چۇڭقۇر ساداقەتلىكى ئاشكارىلاندى. بۇنىڭدا سەۋەب بار. چۈنكى ئۇزۇن يىللىق خىتاي مۇستەملىكىسىنىڭ سىياسى بېسىمىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىكىدىكى ھەرخىل ھەرىكەتلەردە يېزا ئاكتىپلىرىنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشى، خىتايلار ئۈچۈن ئاساسى كۈچ بولغان ئىدى. خىتايلارغا مۇشۇلارغا ئوخشاش نېمە دېسە: شىڭ، دۈڭ، خو دەيدىغان كادىرلار كېرەك ئىدى. ئەنە شۇ خىلدىكى مىللىي كادىرلارنى ئۆزلىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش، ئۇلارنى ماركىسىزم لىنىنىزم ئىدىيىسىدە، سىنىپى كۈرەشچىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، يۇقىرى خىزمەت ئورۇنلىرىغا كۆتۈرۈپ، پارتىيە، دۆلەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغانلاردىن قىلىپ چىقىش ئۈچۈن، ھەرخىل سىياسى كورسلاردا تەربىيلەش ئىشىنى كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن مىللىي كادىرلارنىڭ ئۆسۈش جەريانى تېزلەشتى. مانا شۇلارنىڭ مەلۇم قىسمى پارتكۇمنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا يادرو كۈچ رولىنى ئوينىدى. شۇلارنىڭ تىلى، دىلى بىلەن مىللىي ھېسسياتى كۈچلۈك كادىرلار ھاقارەتلىنىپ، ھەرخىل سىياسى قالپاقلار كىيگۈزۈلۈپ جازاغا تارتىلدى. مەسىلەن: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن كاتىۋى سەيپۇللايۇف، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مۇئاۋىن باشلىقى ئېمىنۇف، مۇئاۋىن باشلىق ئەسئەت ئىسھاقۇف، پارتكومنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى نۇر سادىرۇف، ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى زىيا سەمەدى، خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ئىبراھىم تۇردى، سودا نازارىتىنىڭ نازىرى نىياز قارى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى ئابدىرېھىم سەيدى قاتارلىقلار ئېغىر جازالاندى. ئۆز مىللىتىنىڭ غورۇرىغا قارىشى ئوتتۇرىغا چىققان پىكىر ۋە ھۇجۇملارغا تاقەت قىلىپ تۇرۇشقا ۋىجدانى قوبۇل قىلمىغان ئابدىرېھىم ئىيسا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىپ زۇلۇم دۇنياسى بىلەن خوشلاشتى. كېڭەيتىلگەن يىغىندا غەلىبىلىك سىناقتىن ئۆتكەن بۇ ھەرىكەت ئۈرۈمچى شەھەر بويىچە ھەم ئاپتونوم رايونلۇق ئىدارىلاردا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ھەرىكەتتىمۇ، خىتاي ئەمەلدارلىرى كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتكەن بولدى. نازارەتتىكى كۆپلىگەن مىللىي باشلىقلار كۈرەش قىلىنىپ جازالاندى. مەسىلەن: ئاپتونوم رايونلۇق كوفراتسىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇغۇپۇر، مۇئاۋىن باشلىقى ھامىد يولداش، نېفىت ئىدارسىنىڭ باشلىقى مىجىت زەيدى، مۇئاۋىن كاتىپ مەمتىمىن ھېكىم ۋە باشقىلار. ئۈرۈمچى شەھەردە غەلىبە قىلغان بۇ ھەرىكەت ئۆلكە بويىچە باشلاندى. غولجا شەھىرىدىن، ئىلى قازاق ئوبلاست باشلىقى قۇربان غالى، غولجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى مەمتىمىن ئۆمەرۇف، كاتىبات بۆلۈمىدىن مەسۇمجان قاتارلىق 15 مىللىي كادىر بىر كۈندە قولغا ئېلىنىپ، ئۆمەرۇفقا 15 يىل، قالغانلىرىغا 10 يىلدىن 5 يىلغىچە قاماق جازاسى ئېلان قىلىنىدى. بۇلارنىڭ گۇناسى زادى نېمىدى؟ بىر سۆز بىلەن ئېيتقاندا ئۇلار ئومۇمى كۈرەش يىغىنىدا مىللەتنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن مىللەتچى دەپ ئەيىبلەندى.

قەشقەرىيىدە بۇ ھەرىكەت تېخىمۇ كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. ئاقسۇ ۋالىسى ئۆمەر ئابدۇللا، سودا بۆلۈم باشلىقى يۈسۈپ مۇھەممەد ۋە باشقىلار كۈرەشكە تارتىلىپ جازالاندى. ۋالى ئۆمەر ئابدۇللانى ۋالىلىقتىن چۈشۈرگەندىن كېيىن قوپاللىق ئىشىلىتىپ، ئۆي جاھازلىرىنى ۋالى مەھكىمىسىنىڭ سىرتىغا تاشلىۋەتتى. ئۆمەر ئابدۇللا خىزمەتتىن ھەيدەلگەندىن كېيىن باي ناھىيسىنىڭ ھاكىمى ئوقۇمىغان مامۇت ئىسلامنى ۋالىيلىققا بەلگىلىدى. مامۇت ئىسلام، 1950 - يىلى قىزىل مەكتەپ قارا ئىشچىسى، كېيىن ئاكتىپ بولۇپ،  يېزا باشلىقى، رايون باشلىقى، ناھىيىگە ھاكىم، كېيىن ۋالى بولغان. قاراڭلار! بىلىملىك ئادەمنى ناھەق جازالاپ، ۋىلايەتنىڭ تەقدىرىنى بىر ساۋاتسىز شەخسكە تۇتقۇزۇپ قويۇشنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك ئەلۋەتتە!...

 ئىستىل تۈزۈتۈش ۋە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى بۇ ھەرىكەت، كاسىپ، سودا ـ تىجارەتچىلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ ئېلىپ بېرىلىپ، بىرىنى ـ بىرىگە تالاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىشنى كۈچەيتىۋەتتى. بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى بوزۇش خىتايلارنىڭ باشقۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى.

دىنى ساھەدىكىلەرمۇ ئىستىل تۈزۈتۈش ۋە يەرلىك مىللەتچىلككە قارشى ھەرىكەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئۆلكە بويىچە مەشھۇر دىنى ئۆلىمالارنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەشكە يىغىۋېلىپ (ئۈرۈمچىگە) ئۇلارنىمۇ بىرىنى ـ بىرىگە قارشى قويۇپ تالاشقا سالدى. ئۆز ئارا ئىززەت ـ ھۆرمەت بۇزۇلدى. سىياسى كېڭەشتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەتكە، خوتەن ۋىلايىتىدىن بەزەن ئاخۇنۇملار قاتناشتۇرۇلۇپ، ئاتچۇي ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنى پاش قىلىشقا دائىر پىكىرلەرمۇ ئوتتۇرىغا چۈشكەن ئىدى. ئاخىرىدا بۇ ھەرىكەتنى خوتەنگىمۇ كۆچۈرۈپ باردى. ئەمدىلىكتە بۇ ھەرىكەت، ئىستىل تۈزۈتۈش ۋە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى بولماستىن، بەلكى خوتەن ئاتچۇي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىنى يوقىتىشقا قارىتىپ، قىزىل خىتايلارنىڭ قانخۇرلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىدىغان جازا لاگىرىغا ئايلىنىپ قالدى. مۇشۇ ھەرىكەتنى باھانە قىلىپ، ئاتچۇي ئىنقىلابىغا قاتناشقان ئابدۇلكىرىم ھاجى، تۇردى مۇھەممەد  ئاخۇنۇم، ئابدۇنەبى قاراجىم، ھۇشۇر نىياز ئاخۇنۇم، مەتتۇختى ئاخۇنۇم، روزى داموللام قاتارلىقلار كۈرەش ئارقىلىق قولغا ئېلىنىپ، سوراق ئۈستىدە قىيناپ ئۇلتۈرۇلدى. بۇ مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت باشلىنىشتىن بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى، خائىن جاسۇسلارنىڭ پاش قىلىشى بىلەن پەتھىدىن مەخسۇم قاتارلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرى يوشۇرنۇپ ياتقان توساللا يېزىسىدىن 1957 - يىلى 10 - فىۋرال تۇتۇلۇپ قېلىپ، بۇلارنى يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ غەلبىسى قىلىش مەقسىتىدە، 1958- يىلى 1- ماي ئېتىپ تاشلاپ شەھىد قىلدى. يەنە شۇ ساتقىن، خائىنلارنىڭ پاش قىلىشى بىلەن ئابدۇلھەمىد داموللام باشچىلىقىدىكى يەنە بىر قىسم رەھبىرى كىشىلەرنى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ياۋا يېزىسىدا يوشۇرنۇپ ياتقان يېرىدىن تۇتۇپ 1959 - يىلى 4 - ئايدا ئۇلارنىمۇ شەھىت قىلدى. يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ئېلىپ بېرىلغان تېرۇرمۇ خوتەن خەلقىنى قورقىتالىمىدى. ئۇلار زۇلۇمغا، دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى داۋاملىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ تۇردى. مەسىلەن: 1957 - يىلى يانۋاردا خوتەننىڭ خان ئېرىق يېزىسىدا خەدىچىخان ئىسىملىك باتۇر ئايال رەھبەلىكىدە خەلق قوزغالدى. بۇلار ئۆزلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن ساقچىلاردىن بىر قىسمىنى ۋە قورچاق ناسىر ھاجى (خوتەن ۋىلايەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ باشلىقى) دېگەن ساتقىن، غالچىنى چۇماقلاپ ئۆلتۈردى. ناسىر ھاجىنىڭ ئۆلۈكىنى خىتاي كوممۇنىستلىرى ناھايىتى داغدۇغىلىق بىلەن كۆمدى. ئەتىسى قارىسا قەبرە ئادەم گەندىسى بىلەن كۆمۈپ تاشلانغان خەدىچىخاننىڭ جەسىتى دەپنە قىلىنغا قەبرە گۈللەر بىلەن ئورالغان. شۇ يىلى خوتەن لوپ ناھىيىسى چاھار باغ رايونىدىن ئابدۇلقادىر ھاجىم يېتەكچىلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. بۇ قۇزغىلاڭغا «كوفراتسىيە قوزغىلىڭى» دەپ نام بېرىلگەن. 1958- يىلى 1- ئايدا خوتەن تەۋەككۈلدىن باقى داموللام، سەمەت داموللاملار باشچىلىقىدا دېھقان قوزغىلىپ، تارىم ۋادىسىدىكى خىتاينىڭ قوراللىق بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 20 نەپەر ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەن. بۇ جەڭدە فىدائىلاردىن 200 دەك كىشى شەھىد بولغان. 1962 - يىلى قاراقاش ناھىيىسىدىن تۇرسۇن ھاپىز باشچىلىقىدا «شەرقىي تۈركىستان پارتىزانلىرى» ناملىق تەشكىلات ئەزالىرى قوزغىلىش ھارپىسىدا پاش بولۇپ قىلىپ مەغلۇپ بولغان. بۇلاردىن باشقا ئاشكارا پائالىيەتكە ئۈلگۈرەلمەي باستۇرۇلغان يوشۇرۇن تەشكىلاتلار يالغۇز خوتەن ۋىلايىتى دائىرىسىدە 5 كە يەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە دائىرىسى چوڭ بولغىنى «شەرقىي تۈركىستان ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئىدى. لېكىن چىش تىرنىقىغىچە زامانىۋى قۇراللار بىلەن قۇراللانغان خىتاي باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەشتە قوللىرىدا ھېچقانداق قورالى يوق خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ جاسارىتىگە ئاپرىن! خەلقىمىزگە بۇنداق جاسارەتنى ئەجدادلىرىمىز مىراس قالدۇرغان. خوتەننىڭ ئۆزىدىن ئالايلى: 1757 - يىلىدىن 1760 - يىللارغىچە داۋام قىلغان ۋەتەن ئۇرۇشىدا، مانجۇ خانلىقىنىڭ قوماندانى چاۋخۇينىڭ مۇئاۋىنى فۇدە، باشچىلىقىدىكى خوتەنگە قارشى ئۇرۇشتا، خوتەن خەلقىغە ئۈچ ئاي قوماندانلىق قىلىپ جەڭ قىلغان ئابدىخالىق بەگ، 1864- يىلى مانجۇ ـ خىتاي  خانلىقىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىنى بېسىپ تۇرغان ھەربىي قىسملىرى بىلەن مۈلكى ئەمەلدارلىرىنى يوقىتىپ، ھېبىبۇللاھاجى ۋە ئوغۇللىرى ئابدۇراخمان خان غۇجا ۋە ئىبراھىم سۇدۇر خانلار باشچلىقىدا خوتەن دۆلىتىنى تىكلىگەن. 1932 - يىلى خوتەندە تەشكىلات قورۇش يولى بىلەن خوتەن خەلقىنى قوزغاپ، خوتەننى ئازات قىلىپ، «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» نى قۇرۇپ، 18 ئاي خوتەن دۆلىتىنى باشقۇرغان بۈيۈك ئىنسان مۇھەممەت ئىمىن ھەزرىتىم (بۇغرا) ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئىنىسى ئابدۇللا داموللام (شامەنسۇر) نۇر ئەھمەت ساھىپ ۋە باشقا قەھرىمانلاردۇر.

 

تۆمۈر، پۇلات تاۋلاش ھەرىكىتى

 

ئىستىل تۈزۈتۈش ۋە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت ئەۋجىگە چىققان مەزگىلدە، تۆمۈر پۇلات تاۋلاش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، پۈتۈن خەلق بۇ ھەرىكەتكە مەجبۇر تارتىلدى. كۈلكىلىكى شۇكى، خىتاي كادىرلىرى ئىسسىق ئۆيلىرىدە يېتىپ، ئىدارىلەردە ئىشلەيتتى. ئېغىرچىلىق مىللىيىلارنىڭ بېشىغا چۈشتى. دېمەك، يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش بىلەن چوڭ مىللەتچىلىكنىڭ ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگە بولدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا، خىتايلار ئاكا مىللەت، يەرلىكلەر بولسا «ئاز سانلىق مەھكۇم مىللەت» دېگەن ھاقارەتلىك سۆزلەر ئومۇملىشىپ كەتتى. تۆمۈر، پۇلات تاۋلاش ھەرىكىتى سوغۇق ئايلاردا باشلىنىپ، ئىشچى ـ خىزمەتچى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، كوممۇنا ئەزالىرى سوغۇقتا، تاغلاردا، دۈم پەشلەرنى ياساش، خاڭ ئېچىپ كۆمۈر چىقىرىش، دورا قېزىشتەك ئېغىر قول ئەمگەكلىرى بىلەن جازالاندى. راستىنى ئېيتقاندا جىسمانى ئەمگەك شۇنچىلىك ئېغىر بولسىمۇ، ئامال قانچە!... بۇ ئېغىر ھايات، 3 ئاي ئىستىل تۈزۈتۈش ۋە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەشتىكى روھى ئازابقا قارىغاندا يەڭگىل ئىدى. ۋاقتىنچە، تاغلاردا ئوچۇق ھاۋادا يۈرۈپ ئىشلىگەنلىكىگە ئۇلارمۇ رازى ئىدى. ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە مائاشلىرى بېرىلىپ تۇرغاندىن تاشقىرى فىما، جۇۋا قاتارلىق قىشلىق كىيىملەرمۇ ئاز تولا بېرىلگەن ئىدى. دېھقانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا بۇنداق ماددى ياردەملەر نەدىن كەلسۇن، شۇڭا دېھقانلارنىڭ كۆپچىلىكى تاغلاردا ئۆلۈپ كەتتى. شۇنداق جاپا ـ مۇشەققەت بىلەن ئىشلىنىپ چىققان نەچچە مىڭ توننا تۆمۈر، پۇلات، دوم پەشلەرنىڭ يېنىدا تاشلىنىپ كەتتى. بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىكىكە بولغان تەسىرى ئېغىر، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىكىنىڭ كونا ئۇسۇلدىكى ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرىنىڭ تاغلاردا ۋەيران بولۇپ كېتىشى بىلەن، تېخنىكىسى قالاق يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا چوڭ توسقۇنلۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن جاي ـ جايلاردا ئاچارچىلىقلار كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى. ئالىي مەكتەپلەردە 3 ئايلىق ئوقۇش توختىدى. بۇ پىلانسىز دولقۇنغا كەتكەن ئىقتىسادغا كىم جاۋاپكار؟! دېمەك، كوممۇنسىتلار باشقۇرغان ھاكىمىيەتنىڭ يىلدىزى چىرىك بولۇپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ يوقلىقى، ھاكىمىيەتنى پەقەتلا دىكتاتۇر بىلەن باشقۇرىدىغانلىقى ئىدى. شۇڭا ئۇلار دېمۇكراتىيەگە يول قويمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن بىرلا كۈچ، ئىلاھىلاشتۇرۇلغان ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى بولۇپ، خىتاي دۆلىتى ۋە ئۇنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى ۋەيران قىلىۋەتتى. خىتاي ھۆكۈمرانلىرى ئىستىل تۈزۈتۈش ۋە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۆمۈر، پۇلات تاۋلاش ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللىي كادىرلارغا قاراتقان بۇ خىل جازا چارىلىرىدىن رازى بولماي يەنە بىر خىل سىياسى بېسمنى باشلىدى. ئۇ بولسىمۇ مىللىي كادىرلارنىڭ سىياسى، ئىجتىمائى، ئىقتىسادى تارىخىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭ ئۆلچىمى: ئۆتمۈشتە گومىنداڭغا خىزمەت قىلغان قالدۇق كادىرلار، چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بارلار، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان ۋەتەن بىرلىكىنى پارچىلاش ئىدىيىسىگە ۋە ياكى سىنىپى تەركىۋى مۇرەككەپ دېگەنگە ئوخشىغان خىلمۇ خىل تۇزاقلارغا چۈشۈرۈپ يەنە نۇرغۇن مىللىي كادىرلارنى تارىخى مۇرەككەپ دېگەن ئىغۋا بىلەن سەپتىن چىقاردى. بۇ تارىخ ئىنقىلاش ھەرتكىتىمۇ ئۆز ئۇرۇنلىرىدا، يىغىنلاردا كۈرەش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىپ، تارىخنى يوشۇرغان جىنايەتچى دەپ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاممىۋى كادىرلار يىغىنىدا قولغا ئېلىپ، باشقا مىللىي كادىرلارغا روھى زەربە بېرىشنى توختاتمىدى. ئومۇمەن مىللىي كادىرلاردىكى روھى چۈشكۈنلۈك ئۆزلىرىنىڭ غېمىنى يېيش بىلەن چەكلىنىپ قالدى. دېمەك، مىللىي كادىرلار خاتىرجەم ئەمەس ئىدى.

 

مىللىي كادىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى

 

1ـ مىللىي كادىرلارنىڭ ئۆسۈشىنى شىڭشىسەي دەۋرىدىن باشلاپ ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ، شىڭشىسەي تەختگە چىققاندىن كېيىن ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، مىللىي كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ئىشىغا كىرىشكەندى. شىڭشىسەي دەۋرىدە پەننى مەكتەپلەرنىڭ كۆپلەپ ئېچلىشى ئاز بولسىمۇ ئالى بىلىم يۇرتلىرىنىڭ تەشكىل قىلىنىشى، چەتئەلگە ئوقۇغۇچى چىقىرىپ مىللىي كادىرلارنى (يەنى ئۆزىگە ئىشەنچىلىك كادىرلارنى) چىقىرىشقا كۈچ چىقارغانىدى. يەنە كۇرسلارنى ئېچىپ كادىر يېتشتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزى تەييارلاپ يېتشۈرگەن مىللىي كادىرلارنىڭ كۆپ قىسىمىنى قاماپ يوقاتتى.

2 ـ ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابى غەلىبىسى بىلەن قورۇلغان «ئازات شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتى» قىسقا مۇددەت ئىچىدە، مىللىي كادىرلارنى  تەييارلاشتا ئالاھىدە خىزمەت ئىشلىدى. غولجا بىلىم يۇرتى، تىببى مەكتەپ، ئوفىتسىرلار يېتىشتۈرۈش ھەربىي مەكتىپى (بىر يىللىق) قاتارلىق ئوقۇش ئورۇنلىرى مىللىي كادىرلارنى تەييارلاشتا زور خىزمەت قىلدى. گومىنداڭ قول ئاستىدىكى 7 ۋىلايەتتە سىياسى سقىلىشقا ئۇچرىغان كۆرىنەرلىك كادىرلارنىڭ  مەلۇم قىسمى ئۈچ ۋىلايەتكە ئۆتۈپ، ئۇ يەردە ھەرخىل خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

3 ـ كوممۇنست ھاكىمىيىتى دەۋرىدە مىللىي كادىرلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى تېزلەشتى.

(1) گومىنداڭ دەۋرىدىن قېپقالغان مىللىي كادىرلار.

(2) ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىدىن مەجبۇر قوشۇلغان كادىرلار.

(3) كوممۇنسىت ھاكىمىيىتى يېتشتۈرگەن مىللىي كادىرلار بولۇپ، 1- ۋە 2- سىگە قارىغاندا 3 - خىلدىكى مىللىي كادىرلار تېز سۈرئەت بىلەن ئۆسكەنىدى.

كوممۇنىست دەۋرىدىكى مىللىي كادىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاساسەن يېزا بولدى. ئۇلار، كوممۇنسىتلار تەرىپىدىن يېزىلاردا يۈزگۈزۈلگەن ھەرخىل رەڭدىكى ھەرىكەتلەردە يېتشىپ چىققان يېزا ئاكتىپلىرى ئىدى. يېزىلاردىن ئۆسۈپ يېتىلگەن مىللىي كادىرلار بىلەن 3 ۋىلايەتتىن قوشۇلغان كادىرلارنى دەسلەپكى قەدەمدە ھەرخىل سىياسى كۇرسلاردا ئوقۇتۇش يوللىرى بىلەن ئۇلارنى ئۆزلىرىگە سادىق قىلىپ تەربىيلەشنى ئېلىپ باردى. ئەڭ باشتا مەسئۇل خىزمەتتىكى كادىرلارنى بېيجىڭ ماركىسىزم ـ لىنىنىزم مەكتەپ ـ كۇرىسلىرى، بېيجىڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى، ئۈرۈمچى پارتىيە مەكتىپى، كادىرلار مەكتىبى، ساقچى مەكتىبى، تىببى مەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلاردا ئوقۇتۇپ، مىللىي كادىرلارنى ئالاھىدە ھۆكۈمەتكە سادىق قىلىپ تەربىيلەپ چىققاندەك بولدى. تەربىيىلىنىپ ئۆستۈرۈلگەن مىللىي كادىرلار كېيىنكى ۋاقىلاردا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خەۋپلىك ھېسابلاندى. بولۇپمۇ 3 ۋىلايەت يېتشتۈرگەن، ئازاتلىق ـ مۇستەقىللىق تەربىيىسىنى ئالغان كادىرلارنى قانداقلا قىلىپ بولمىسىۇن تازىلاپ يوقىتىش نىشانى قىلدى.

شىڭشىسەي، قومۇل ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسىنى 1937 - يىلىغىچە ماختاپ، 12- ئاپرىل كۈنىنى شىنجاڭنىڭ ئازاتلىققا چىققان كۈنى دەپ شەرقىي تۈركىستان بۇيىچە بايرام قىلىپ كەلگەن بولسا، ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن ئومۇمىيۈزلۈك تېررۇر باشلاپ، قومۇل ئىنقىلابىغا قاتناشقانلارنى قانداق يوقاتقان بولسا، ماۋچىلارمۇ خۇددى شىڭشىسەي بىلەن ئوخشاش ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ 3 ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان مىللىي كادىرلارغا ئوچۇقتىن ئوچۇق ھۇجۇمغا ئۆتتى. ھازىرقى ۋاقىتتا مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئارىسىدا، «ئىمپېرىيالىزىمنىڭ تىنچ ئۆزگەرتىۋېتىش سىياسىتىگە قارشى تۇرايلى!»  دېگەن شۇئارلار ئاستىدا ئۆگىنىشلەر ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ خىل سىياسى ئۆگىنىشلەر ئارقىلىق مىللىي كادىرلارغا تەھدىت سېلىپ، پوپۇزا قىلىپ، كۈچ كۆرسىتىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلماقتا. ئەگەر، سەللا باشقا پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ قالسا «1990- يىلقى «بارىن ۋەقەسى» نى خىتاي ئارمىيەسنىڭ قانداقلارچە باستۇرغانلىقىنى ئەسلىتىپ، كىمدە ـ كىم شىنجاڭنى جۇڭگۇدىن بۆلىۋېتىشنى خالسا، ئەنە شۇنداق دەھشەتلىك باستۇرۇلىدۇ دەپ قورقۇتماقتا. شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقى، دۆلەت خەۋىپسىزلىكى نازارىتى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان نەچچە ئونمىڭلىغان ئىشپىيۇن جاسۇسلارنىڭ قورشاۋى ئاستىدا ياشىماقتا.

ئىمپېريالىزم ۋەقەسىدە تۇرۇپ، ھەقىقى دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ئىمپېرىيالىزم دەپ، مۇستەملىكىلىرىنى ئالداپ كەلگەن، 2 قىزىل ئىمپېرىيالىزمنىڭ بىرسى يەنى ئەڭ كۈچلۈگى تارىخ سەھنىسىدىن يوقالدى. يالغۇز خىتاي ئىمپېرىيالىزمى قالدى. ئۇلارنىڭ ھازىرقى پوپۇزىسىنىڭ ئاساسى مەقسىتى بۈگۈنكى تۈركى خەلقلەر دۇنياسىدىكى سىياسى ئۆزگىرشلەرگە ماس ھالدا، ئۆزىنىڭ مۇناسىپ ئورۇنلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، چوڭ قەدەم تاشلاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە بېسىم ئىشلىتىشتىن ئىبارەت. لېكىن شەرقىي تۈركىستانلىقلار، ئادەم قاتارىدا ھايات كەچۈرۈش، مۇستەقىللىق بىلەن ئەركىنلىك يولىدا كەسكىن كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

خەلقئارا مىقياسقا كۆتۈرۈلگەن، بۇ ئازاتلىق كۈرىشىنى توسۇش مۇستەملىكىچى خىتاي ئىمپېريالىزمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. ئىمپېريالىزمغا ئۆلۈم!

 

مەدەنىيەت ئىنقىلابى توغرىسىدا

 

دەھشەتتىن ئىز قالدۇرغان، بۇ بەتنام مەدەنىيەت ئىنقىلابى، باشقىچە ئېيتقاندا «جاھىل، قانخۇرلار توپىلاڭىدىن» گېزىتخانلارنىڭ ئاز ـ تولا خەۋىرى بولسىمۇ، مەن كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، قولىقىم بىلەن ئاڭلىغانلىرىمنى بىر قەدەر سۆزلەپ بەرمەكچىمەن:

1989 - يىلى 9 - يانۋاردا ۋىزا بىلەن كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ چېگىرىسىدىن ۋەتەنگە ئۆتتۈم. 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگە قەدەر قەشقەر، ئاقسۇ، شايار، كۇچار، ئۈرۈمچى، غۇلجا، تىكەس، سۈيدۈڭ قاتارلىق جايلاردا بولدۇم. بەزى يېزىلارغىمۇ چىقىپ، دېھقانلار بىلەن ئۇچراشتىم. مۇشۇ جەرياندا سىياسى بېسىمقا دائىر بەزەن ئەھۋاللار بىلەن تۇنۇشتۇم. ئاساسى تىمام بولغان « مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نى سۆزلەشتىن بۇرۇن، بۇ ھەرىكەتنىڭ كېلىپ  چىقىشى ۋە ئۇنىڭ مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

1 ـ باسقۇچتا: «پۇرۇلتارىيات مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان بۇ ھەرىكەت، خىتايدا 1966 - يىلى 5 - ئايدا باشلاندى. شۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتىتىنىڭ «پۇرۇلتارىيات مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نى يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى 16ماددىلىق يوليۇرۇقى ئېلان قىلىندى. ئۇندىن كېيىنلا بۇ ھەرىكەت، خىتاينىڭ ئۆزى ۋە مۇستەملىكە رايۇنلىرىدا ئاساسەن باشلاندى. ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن «خۇڭۋىبىڭلار» ئەترەتلىرى تەشكىللەندى. خۇڭۋىبڭىلار ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى بىلەن قورللاندۇرۇلدى. ئۇلارنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن 1966 - يىلى كۈزدىن باشلاپ، 1967 - يىلى ئاپرىلغىچە ھەر قېتىمدا بىر مىليوندىن، 8 قېتىمدا 8 مىليون «خۇڭۋېبڭنى بېيجىڭدىكى تىيەنئەنمىن مەيدانىغا يىغىپ، ماۋرېدۇڭ ئۆزى قوبۇل قىلىپ، مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى. ئاندىن ماۋرېدۇڭ ئۆزىنى «سېلىڭبۇنى توپقا تۇتايلى!» دەپ، تام گېزىتى (دازىباۋ) چىقىرىپ، خۇڭۋېبىڭلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ماۋ ئىدىيەسىگە قوشۇلمايدىغان كادىرلارنى يوقىتىشقا كىرشتى.

مەدەنىيەت ئىنقىلابى توغرۇلۇق ماۋزېدۇڭ شۇنداق دېگەن: «ھازىرقى ئۇلۇغ پۇرۇلتارىيات مەدەنىيەت ئىنقىلابى، پۇرۇلتارىيات دىكتاتۇرسىنى مۇستەھكەلەش، كاپىتالىزمنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سوتسىيالىزم قۇرۇلۇش ئىشىدا ناھايىتى زور، دەل ۋاقىتدىكى ئىنقلاپ ھېسابلىنىدۇ» (ماۋزېدۇڭ 1969- يىل).

ئۇ يەنە، «خۇڭۋېبىڭ يولداشلار! سىلەرنىڭ دازىباۋ (تام گېزىتى) لىرىڭلاردا: پومشىچىكلەر، بۇرژىئازىيە، ئېمپېرىيالىستلار ۋە ئۇنىڭ قويرۇقلىرىنىڭ ئىشچى ـ دېھقانلار، ئىنقىلابى زىيالىلار، پارتىيەلەر ۋە گۇرۇپپىلارنى ئىكىسپىلاتاتسيە قىلىۋاتقانلىقى ۋە باستۇرۇۋاتقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، غەزەپلىنىش ۋە ئەيىبلەش ھېسسىياتلىرى ئىزھار قىلىنىدۇ. مەن سىلەرنى قىزغىن قوللاپ ـ قۇۋەتلەيمەن. شۇنى دەپ ئۆتۈشۈم لازىمكى: مەن ۋە مېنىڭ ئىنقىلابى سەپداشلىرىم شۇنداق مەۋقەدە تۇرىمىز.» (ماۋزىدۇڭ 1966 - يىل).

«بىر يىل ئىچىدە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ئەلۋەتتە چوڭ تەرتىپسزلىكلەر ئورۇن ئالدى. ھەممىلا يەردە تەرتىپسىزلىك لېكىن بۇنىڭدا ھەيران قالىدىغان ھېچنەرسە يوق. زىددىيەت پاش بولغاندا ئۇنى ھەل قىلىش ئوڭاي، ئۇلۇغ مەدەنىيەت ئىنقىلابى تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن زىيان ناھايىتى ئاز. ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرى بولسا ئىنتايىن چوڭ» (ماۋزىدۇڭ 1969 - يىل).

س. داشكوفنىڭ 1981 - يىل 15 - نويابىر كۈنى يېڭى ھايات گېزىتىغا بېسىلغان «خۇجايىننى ئۇنتۇپ قىلىپ، ئىتنى ئۇرماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدا: بۇ ھەرىكەتنى باشلاشتىكى ماۋزېدۇڭنىڭ تۈپكى ئىدىيىسى، خىتاينىڭ چېگرىسىنى كېڭەيتىش، خۇشنا ئەللەرنى بېسىۋېلىشتىن ئىبارەت ئىدى. مۇشۇ ئىدىيەگە قوشۇلمايدىغان كادىرلارنىڭ مەلۇم قىسمى يوقىتلىدى.

2 ـ باسقۇچتا 1968 - يىلىدىن باشلاپ، «تۆت كونىلىقنى يوقىتىش» دېگەن نام ئاستىدا مۇستەملىكە رايون خەلقلىرىىنىڭ ئەسىرلەر بويى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىنى، قىسقىسى ھەممىسىنى خىتايلاشتۇرۇشقا قارىتىلدى.

3 ـ باسقۇچتا «ئىسيان كۆتۈرۈش يوللۇق» دېگەن شۇئار ئاستىدا 14خىل ئۇسۇللارغا قارشى تۇرۇشنى باشلىدى. يەنى، ماۋ ئىدىيەسىگە قوشۇلمايدىغان ھەرخىل ئىجتىمائى گۇرۇھلارغا زەربە بېرىشكە باشلىدى.

4 ـ باسقۇچتا «دۇپى گەي» (يەنى كۈرەش قىلىش، تەنقىتلەش، ئۆزگەرتىش باسقۇچى) (داشكوفنىڭ شۇ ماقالىسىغا قارالسۇن)

مانا بۇ قانۇنسىز ھەرىكەت، شەرقىي تۈركىستاندىمۇ خۇددى بېيجىڭدىكىگە ئوخشاشلا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن، «خۇڭۋېبىڭ» ۋە ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن مەدەت بېرىدىغان خىتاي ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇلدى. بۇنداق چەكسىز ھۇقۇققا ئېرشكەن ياش جاللاتلار بۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، ئىنسان قەلبىگە سىغمايدىغان يامانلىقلارنى ئويلاپ تېپىپ، خەلق ئۈستىدە ئېغىر جىنايەتلەرنى سادىر قىلدى. بۇ ھەرىكەت بىلەن ئاتالمىش «ئازاتلىق» نىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بارلىققا كەلگەن ئاز تولا نەتىجىلەردىن ئەسەر قالمىدى. قەد كۆتۈرگەن زامانىۋى قۇرۇلۇشلار، ئىككى تەرەپ بولۇپ قالغان ئاممىۋى تەشكىلات ئوتتۇرىسىدىكى ئەلەم كۆرىشى بىلەن بوزۇلۇپ ۋەيران قىلىندى. نۇرغۇنلىغان ئىلىم ئورنى بولغان مەكتەپ بىنالىرى، مەدرىسىلەر كۆيدۈرلۈپ كۈلگە ئايلاندى. ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى ئىشتىن توختىدى. يېزا ئىگىلىك قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. ئېرىق ـ ئۆستەڭلەرنى قوراي بېسپ كەتتى. ياۋۇزلاشقان خۇڭۋېبىڭلار يەرلىك مىللەت ياشلىرىنى جىنايەتلىرىگە ئورتاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھىلە ـ مىكىرلەر بىلەن ئىشلىتىپ «بۇ ھەرىكەت، ئىنقىلاپچىلارنىڭ پەزىلىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەك» دەپ ئەقلى تولمىغان ياش ـ ئۆسمۈرلەر بىلەن ساددا ـ نادان كىشىلەرنى ئالداپ، شۇلارنى ئۆزلىرىگە قوشۇمچە يان تاياق قىلىۋالىدى.

مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ۋەيرانچىلىقى ئۈستىدە ئا. يۈسۈف خانوف يېڭى ھايات گېزىتى 1976- يىل 1 - ئىيۇن سانىدا «ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىم» دېگەن ماقالىسىدا شۇلارنى يازىدۇ: «1966 - يىلى 4 - ئاۋغۇست كۈنى تۈنجى قېتىم، شىنجاڭ دارىلفۇنۇن مەكتەپ مۇدىرى، پارتكوم سىكرىتارى باشلىق 364 نەپەر كىشى دۈشمەن دەپ قارىلىنىپ، مەسخىرە قالپاق كىيگۈزۈلگەن ھالدا ئۈرۈمچى كوچىسىغا چىقىرىلىپ سازايى قىلىندى. مەزكۇر كىشىلەردىن 300 نەپەر كىشى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەشكىل قىلاتتى. شۇنداقلا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى «دۇڭ فۇڭ» (شەرقىي شىمال) يىغىن مەيدانىغا «جىن ـ شەيتانلار» نى ئارغامچى بىلەن باغلاپ، ھەيدەپ كېلىپ قىپ يالىڭاچ قىلىپ يىشىندۈرگەندىن كېيىن، شۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ قولىغا قامچا تۇتقۇزۇپ باغلانغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇشقا زورلىغان. ئۇرۇشتىن باش تارتقانلارنى دۈشمەنلەر قاتارىغا قوشۇۋاتقان. ئۇلارمۇ قاتتىق جازاغا تارتىلغان. تۇرپان ناھىيىسىدىن «جىن ـ شەيتانلار» نى جازالاشنىڭ 60 تۈرى قوللىنىلغان مەسىلەن: ئەر ـ ئايالنى قىپيالىڭاچ قىلىپ كۆپچىلىك ئالدىدا سازايى قىلىش، قالپاق كىيگۈزۈلگەنلەرنىڭ بېشىدا قالپاق توختىماس كونۇفكا بېسىپ تۇرغۇزۇش، ئوتقا قاقلاش، ئەينەك پارچىلىرىدا يالىڭاچ ياتقۇزۇش قاتارلىق قىيناش ئۇسۇللىرى ئومۇملىشىپ كەتكەن. ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆك توقاي، چىمنەي ناھىيىلىرىدە «جىن ـ شەيتانلار» دەپ ئاتالغانلارنىڭ بۆشۈكىدىكى نارىسىدە بالىلارمۇ جازالانغان. ئۇلارنىڭ بېشىغا «بۆرىنىڭ كۈچۈگى» دېگەن يېزىقى بار قالپاقلار كىيگۈزۈلگەن....

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى ئىلچى شەھىرىدە ئابدۇرۇسۇل داموللىنى خۇڭۋېبىڭلار كۈرەشكە ئېلىپ، بېشىغا قەغەزدىن ياسالغان كۇلا كىيگۈزۈپ، بىر قاناتلىق ئىشىكنى بوينىغا ئېسىپ، كۈندۈزى شەھەردە سازايى قىلدۇرۇپ، كېچىسى كۈرەش قىلىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن. بارات ئاخۇننى ئېسىپ قويۇپ، پۇتىغا ئوق ئېتىپ پۇتىنى سۇندۇرۇپ، قوللىرىنىڭ تىرناقلىرىنى ئامبۇردا يۇلۇپ، ئازاپلاپ ئۆلتۈرۈشتىن تاشقىرى بېشىنى كېسىپ قازاندا پۇشۇرغان.

«1974- يىلى 5 - ئايلاردا خوتەن شەھىرىدىن دىنى زاتلارنى ئاساس قىلغان ھالدا نۇرغۇن ئالىملارنى بىر كىچىدىلا ئۆيلىرىگە قوراللىق بېسىپ كىرىپ، تۇتقانلارنىڭ قوللىرىنى ئارقىسىغا قىلىپ قاتتىق باغلاپ ئېلىپ چىقىپ كېتىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى «شى رىن سو» «ئەر زەن» دېگەن گۇندىخانىلارغا سولىدى. بۇ بىر كېچىدە تۇتقۇن قىلىنغانلار ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن سىغدۇرالماي، ئۇلارنىڭ بىر بۆلىكىنى خوتەن شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت سارىيىغا ۋاقىتلىق سولاپ قويغان. ۋەھشى كوممۇنىستلار بۇ بىگۇنا كىشىلەرنى، ئاستا ـ ئاستا باشقا تۇرما، جازالاش ئورۇنلىرىغا تارقىتىپ جىمىقتۇردى. بۇ قېتىم تۇتقۇن قىلنىغانلاردىن ئاز بىر قىسمىنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىلەر: شائىر بىلال ئىزىزنىڭ ئىنىسى شەمسىددىن قارى، ئابدىۋېلى ھاجىم، ئابدۇل ئىزىز قاراجىم ئابدىللاروزى داموللام، مۇجاھىد مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ سىڭلىسى 70 ياشلىق موماي بۇمەريەم خېنىملار. يوقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى تۆۋىنى 5 يىل يۇقىرسى 15 يىللىق ھاياتىنى خىتاي جاللاتلىرىنىڭ تۇرمىلىرىدا ئۆتكۈزۈپ، ئۆيلىرىگە قايتقىنىغا ئۇزۇن بولمىغانلار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىشتا ئۆيىدىن ئاختۇرۇپ چىقىپ قالغان قۇرئان، دىنى كىتابلارنى بوينىغا ئېسىپ سازايى قىلىپ كوچا ئايلاندۇرۇپ، ئۇندىن كېيىن سولاپ قويدى. بۇلار ھېچقانداق گۇناسىز ئالدى 2 يىل كىيىنى 6 ئايدىن سولاپ، جازالاپ قويۇپ بېرىلدى. ئابدىۋېلى ھاجىم دېگەن 70 ياشلىق ئالىم، مەدەنىيەت سارىيىغا سولاپ قويۇلغان كۈنى قولى ئارقىغا باغلاغلىق ھالدا ناماز شام ئوقۇۋاتقاندا، خىتاينىڭ ۋەھشى جاللاتلىرى سەجدە قىلىۋاتقان ۋاقتىدا كېلىپ قېلىپ، ئۇنى پۇتىدا تېپىپ يېقىلدۇرغان. ئۇ كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ نامىزىنى داۋاملاشتۇرغان، يەنە تەپكەن بولسىمۇ يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرى نامازنى بۇزماستىن ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ كىشى شۇ جىنايىتى ئۈچۈن باشقىلاردىن 2 يىل كىچىكىپ قويۇپ بېرىلگەن.» (تەھرىر ئىلاۋىسى)

قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ بەشئېرىق يېزىسىغا تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن، ناھىيەنىڭ چوڭ ئاخۇنى.... بىلەن ئابدۇل ئەزىز ئەپەندىنى، شۇ يېزىدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ باشلىقى خىتاي كۈرەشتە چاچ، قاش، كىرپىك، ساقال، بۇرۇتلىرىنى قورۇغ ئۇستۇردا 3 كۈندە بىر چۈشۈرۈپ، ئالتايغىچە قىيناپ، بۇلارنىڭ ئادەم قىياپىتىنى ئۆزگەرتىۋاتقان. ئا. يۈسۈپ خانۇفنىڭ شۇ ماقالىسىدا يېزىشىچە: «شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 1966 - ئىيۇن سانىدا، ئىنقىلابى شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنى قاراباندىت دەپ جاكارلىغان. ئىلى قازاق ئوبلاستىنىڭ سابىق باشلىقى قۇربان غالى باندىت دەپ ئېلان قىلىنغان. شىنجاڭ دارىلفۇنۇن ئەدەبىيات فاكۇلىتىتىنىڭ باشلىقى مەمتىمىن خۇدا بەردى «ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ دۇردانىلىرىنى» توپلاپ، باستۇرغانلىقى ئۈچۈن، قاراباندىت دەپ ئاتالغان.

1966 - يىلى 11 - ئاينىڭ بىر كۈنى تاڭ سەھەردە شىنجاڭ دارىلفۇنۇنىنىڭ كۆتۈبخانىسىدىن دۈۋە ـ دۈۋە كىتاب، قوليازمىلارنى ئېلىپ چىقىپ مەيدانغا توپلىدى. ئاز ئۆتمەي ماتىماتىكا فاكۇلىتىتىنىڭ 4 ـ كۇرس ئوقۇغۇچىسى خولۇئەن (خىتاي) (ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق دائىمى كومىتىتىنىڭ ئەزاسى) سەرەڭگە يېقىپ ئوت قويدى. كىتابلار كۆيدۈرۈلىۋاتقان مەزگىللەردە، كىتاب يوشۇرغانلارنى كۈرەش قىلىش باشلاندى. كىتاب يوشۇرغانلار ھاقارەتلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىلغان كىتابلارنى ئۆز قولى بىلەن ئوتقا تاشلاشقا مەجبۇر قىلىندى. مۇشۇ ۋەقەدىن كېيىن، دازىباۋلارغا قەغەز يېتىشمەسلىك سەۋەبى بىلەن كىتابلارنى قەغەز فابرىكىسىغا يوللاشقا باشلىدى. پەقەت شىنخۋا كىتاب ماگىزىندىنلا قەغەز فابرىكىسىغا 40 ماشىنا كىتاب ئەۋەتىلگەن.

ماۋجىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان مەدەنىيەت ئىنقىلابى، پەقەت خەلقىمىزنىڭ كۆپ ئەسىرلىك مەنىۋى بايلىقى بولغان تارىخ كىتابلارنى ئاسارى ئەتىقىلەرنى يوقىتىشتىن تاشقىرى، خەلقىمىزنىڭ ئەڭ ئىسىل پەرزەندىلىرىنىڭ ئوتلۇق قېنىنى تۆكتى. گەرچە، مەدەنىيەت ئىنقىلابى يۈرگۈزگۈچى خىتايلار «ۋاڭ ئىنماۋنى قوغدىغۇچىلار»، «ۋاڭ ئىنماۋغا قارشى چىققۇچىلار» دەپ 2 گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ، ئۆز ئارا تالاش ـ تارتىش جېدەللەرنى قىلىشقان بولسىمۇ، گەپنىڭ ئاساسى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدە ئىنسان كۆرمىگەن خورلۇق ۋە قانلىق جىنايەتلەرنى سادىرقىلىشتى. ئۆز ئارا توقۇنۇشلاردا ھالاك بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئىدى. خىتايلارنىڭ ئازايتىپ ئېلان قىلغان مەلۇماتىغا قارىغاندا، پەقەت 1967 - يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن 1968 - يىلى فىۋرالغىچە 1000 دىن ئارتۇق ئادەم ئەنە شۇ توقۇنۇشتا قوربان بولدى. 1970- يىلى مارتتىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە ئوچۇق ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنلىرى بولۇپ ئۆتكەن. خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى خۇڭ ۋېبىڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەربىي شەكىلدىكى تىربۇناللىرى تەرىپىدىن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنلىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئېتىپ تاشلاندى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا: شىنجاڭ گېزىتىنىڭ سابىق باشلىقى يازغۇچى توختى قوربان، نىياز ئۆمەر، ئۈرۈمچى شەھەر سايۋاغ رايونلۇق سوتنىڭ باشلىقى ئابدىرېھىم باقى، ئەمەت ئاخۇنۇف، يازغۇچى ئىمىن ئىكرام خۇدابەردى، ئىمىن ئىيسا، ھۇشۇر قارىم قاتارلىق 74 كىشى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۈرۈمچى شەھىرىدە خۇڭۋېبىڭلار تەرىپىدىن بىر كۈندە ئېتىپ تاشلاندى. بۇ پاكىتنى سۆزلەپ بەرگۈچى، شۇ كۈندىكى پاجىئەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. يەنە ئۇ مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى: خۇڭۋېبىڭلار ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلغۇچى خىتاي ئارمىيىسنىڭ قوراللىق كۈچلىرى، خەلق توپلانغان سوت مەيدانىنى قورشىۋالغان، ھەممىسىنىڭ قولىدا ئاپتۇمات، مەيداننىڭ 4 تەرىپىگە خەلققە قارىتىپ فىلىمۇتلار ئورنىتىلغان بولۇپ، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا خەلقنى ئوققا تۇتىدىغاندەك ھەرىي ھالەت شەكىللەنگەنىدى. يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن خەلق، ئېتىلغانلارغا ماتەم ياشلىرىنى ئاققۇزۇپ، غەزەپ ئارلاش مەيداندىن قايتىشتى. مەن شۇ قانلىق كۈننىڭ شاھىدىمەن (1981 - يىل ئۈرۈمچى) شۇ ۋاقىتلاردا مۇڭغۇلكۆرەلىكلەر، سوراق ئۈستىدە ئۆلتۈرۈلگەن ناھىيە باشلىقى قايتارنىڭ، تىكەسلىكلەر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ھاكى مۇھەممەتنىڭ، توققۇزتارالىقلار ناھىيە پارتىيە كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن كاتىۋى رەجەپ، خەلق ھۆكۈمىتى مالىيە ئىدارسى باشلىقى ئابدىكىرەمنىڭ، نىلقىلىقلار ناھىيە باشلىقى ئەخمەتجان ئۆمەرنىڭ سەۋەبسىز ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەلق ھەرگىزمۇ ئېسىدىن چىقارمايدۇ.

1989 - يىل 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەرنىڭ بىرىدە بىر كىشى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ۋەقەسىدىن كۆرگەن خورلۇقلارنى مۇنداق سۆزلەپ بەردى، ـ «مەن ئوقۇتقۇچى، مېنىڭ ئىشىم ئۆسمۈرلەرگە تەربىيە بېرىشلا ئىدى. باشقا ئۆتكۈزگەن گۇناھىمنى بىلمەيمەن. بىر كۈنى خۇڭۋېبىڭلار شىتابىدىن بىر نەچچە قوراللىق خۇڭۋېبىڭلار ئۆيۈمگە باستۇرۇپ كىرىپ بالا ـ چاقىلىرىمنى قورقۇتۇپ، مېنى باغلاپ ئۆيۈمدىن ئېلىپ كېتىپ، خۇڭۋېبىڭلار شىتابىدا سوراققا تارتىپ، قىلغان گۇنايىڭنى ئېيت! نېمە قىلغانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ دېگەندەك خىيالى سوئال ـ سوراقلار بىلەن بىر نەچچە ۋاقىت ئۇرۇش، قىيناشلاردىن ئۆتكۈزدى. ئېغىر ئەمگەكلەرگە سالدى. بەدىنىم زەئىپلەشتى. ئاخىرقى پەيىتلەردە قۇدۇققا تاشلىدى. كۈندۈزى ئاغامچا بىلەن تارتىپ چىقىرىپ ئەمگەككە سالدى. كەچقۇرۇن يەنە ئاغامچا بىلەن قۇدۇققا تاشلىدى. دېمەك 6 ئاي قۇدۇقتا ياتتىم. جىسمانى، روھى ئازاپتىن زادىلا خالى بولالمىدىم، جان چىقمايدىكەن. بىر كۈنى مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشۇپ خەلقنى ئوچۇق مەيدانغا يىغدى. مېنى يىغىن مەيدانىنىڭ قاق ئوتتۇرىغا ئېلىپ بېرىپ ياتقۇدى  ـ دە، خۇڭۋېبىڭلار بۈرىگە ئوخشايدىغان ئىتنى ماڭا قارىتىپ قويىۋەتتى. تېزراق ئۆلۈشۈمنى تىلەپ بوينۇمنى ئىچىپ ياتتىم. ماڭا قاراپ ئوقتەك ئېتىلىپ كەلگەن ئىت، بوينۇمنى پۇراپ چىشلىمەي ئارقىسىغا ياندى. خۇدا ۋەندىكىرىم بۇ يىرتقۇچنىڭ دىلىغا سالدىمۇ ياكى بەدىنىمدىكى نەچچە يىللىق كىر سەۋەب بولدىمۇ يەنە ئۆلمىدىم. ئورنۇمدىن تۇرىشىمغا قىزىل لۈكچەكلەر كېلىپ، «سېنىڭ ناكەسلىكىڭدىن ئىتمۇ يېمىدى» دېگەن تىل ھاقارەتلەر بىلەن پۇتۇمدىكى يوغان فىمىنى سالدۇرۇپ، ئىچىگە قۇم توشقۇزۇپ، بىر ـ بىرىگە چېتىپ بوينۇمغا ئېسىپ ئالدىغا سېلىپ ماڭدى. ھالسىزلىنىپ كەتكىنم ئۈچۈن، بوينۇمدىكى ئېغىر قۇم بىلەن يېقىلىپ چۈشتۈم. خۇڭۋېبىڭلار تېپىشىكە باشلىدى. بۇرنۇم قاناپ كېتىپ ھۇشۇمنى يوقاتتىم. كۆزۈمنى ئاچسام قۇدۇققا تاشلاپتۇ».

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك باج ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تارىخچى مەمتىمىن بايىزنىڭ ئاقسۇ شەھەردە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كۆرگەن خورلىقى: «قاتتىق سوغۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەمتىمىن بايىزنى قولغا ئېلىپ، خۇڭۋېبىڭلار شىتابىدا سوراققا تارتىپ قىيناشتىن تاشقىرى تالاغا ئېلىپ چىقىپ، ئاياغ كىيمىنى يەشكۈزۈپ، يالاڭ ئاياق ئىككى پۇتىنى قار دۆۋىسىگە ئىككى سائەتتىن ئارتۇق كۆمگەن. ھەپتە ئۆتمەي 2 پۇتى ھەرىكەتتىن قېلىپ، 12 يىلدەك ئولتۇرۇپ قىلىپ، ئازاپ بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن» (1986- يىل)

«مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ سۈيدۈڭ شەھەردە شائىر ئابدۇراھمان ناۋايى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان جازا ـ چارىسىنى 1989- يىلى 3 - ئايلاردا بىلدىم. 61 ياشلىق ئابدۇراھمان ناۋايى كۆپ جاپا چەككەن، رىيازەتنى كۆپ تارتقان ۋەتەن پەرۋەر شائىر ئىدى. ئۇ 1958- يىلىدىكى «ئىستىل تۈزۈتۈش ۋە يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى» ئېلىپ بارغان ھەرىكەتتە، قەشقەردە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ئۈستىدە كۈرەشكە ئېلىنىپ، 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. مۇددەت توشقاندىن كېيىن قاماقتىن چىقىپ، سۈيدۈڭگە كېلىپ، بۇ يەردىمۇ خاتىرجەم ياشىيالماي «مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ» زەربىسىگە ئۇچرىغان. ۋەقە مۇنداق بولغان: بىر كۈنى خۇڭۋېبڭلار شىتابىدىن بىر نەچچە لۈكچەكلەر شائىرنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، شائىرنى باغلاپ،  شىتاپقا ئېلىپ بېرىپ، يوقۇلاڭ سوئاللار بىلەن سوراققا تارتىپ ئازاپلايدۇ. بۇلارنىڭ يولسىزلىقىغا قارشى چىققان شائىرنىڭ مەسىلىسىنى ئومۇم يىغىندا ھەل قىلماقچى بولۇپ، ئۇنى خەلق ئوتتۇرىغا ئېلىپ بېرىپ، يوق نەرسىلەر بىلەن قىلىنغان ھاقارەتلەرگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، ئارقىسىدا تۇرغان قوراللىق خۇڭۋېبىڭ قولىدىكى ئاپتۇمات بىلەن ئابدىراھمان ناۋاينىڭ بېشىغا قاتتىق ئۇرغانلىقتىن، ھۇشىدىن كېتىپ يېقىلىپ سۆزدىن قالىدۇ. جاقىراپ ياتقان شائىرنى سۆرەپ ئاپىرىپ، ئۆستەڭدىكى سۇغا تاشلايدۇ. بەختى بار ئىكەن. شائىر تاشلانغان جاي توما بولۇپ، بىر نەچچە تال قوزۇق قېقىلغانىكەن. شائىر قوزۇقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، سۇدا لەيلەپ قالغان. ۋەقەنى ئاڭلىغان، شائىرنىڭ قېيىن ئاتىسى، خۇڭۋېبىڭلار تارقاپ كەتكەندىن كېيىن ئادەم ئەۋەتىپ، شائىرنى سۇدىن چىقىرىپ، ئىشەككە ئارتىپ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ ياتقۇزۇىدۇ. خۇڭۋېبىڭلار ئۇنى ئۆيىدىمۇ كىشىلەردىن يىراقلاشتۇرۇپ ئازاپلاش مەقستىدە «ئەكسىل ئىنقىلابى مىللەتچى ئۇنسۇر ئابدۇراھمان ناۋايى ئائىلىسى» دەپ خەت يېزىلغان قارا تاختىنى ئىشىك بېشىغا ئېسىپ قويىدۇ. كېسەل ئازابى بىلەن 4 ئاي يالغۇز يېتىپ ئازاپلانغان، ئۆزىنىڭ ساقىيىپ كېتىشىدىن ئۈمىد ئۆزگەن شائىر، قىزى ئارزىگۈلگە قاراپ، ـ قېنى قىزىم قولىڭىزغا قەلەم، قەغەز ئېلىڭ، مەن ئېيتىپ بېرەي سىز يېزىڭ دەيدۇ. قىز ھازىرلانغاندان شائىر ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىىردە جانىجان خەلقىغە قارىتىپ «ئەرزىم» ناملىق شىئرىنى باشلايدۇ.

يىقىلدىم بى رىيا دۇرمەن،

تۇرارغا ھىچ مادارىم يوق.

قارايمەن باشتىن ئاياغىمغا،

قەدىناس قەدىردانىم يوق.

 

ئېسلغاچقا قارا تاختاي پىشانەمگە،

كىشى قورقۇپ كىرەلمەيدۇ.

مېنىڭ سىرتقا چىقىشقا،

ئىقتىدارىم يوق.

 

ئۆزۈم يالغۇز ياتارمەن،

 يۈرەك باغرىم بولۇپ لەختە.

قېنى مۇڭداشىقىلى سىرداش،

بەختى يارانلىرىم يوق.

مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ قانلىق چاڭگىلىدا، نادامەت بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن سانسىز ۋەتەنداشلىرىمنىڭ نامى تارىخىمىزدا مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىدىكى كېڭەيمىچىلىكنى تىكلەش يولىدىكى تەييارلىق باسقۇچى ئىدى. يۇقىرىقى دەھشەتتىن قارىغاندا، «ماۋ» ئۆلمىگەن بولسا، 2 - باسقۇچتا مۇستەملىكىدىكى خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنى خىتايلاشتۇرۇش، قوشنا مەملىكەتلەرگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىش ئەمىلىيىتىنى كۆرسەتكەن بۇلاتتى.

«مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نامى بىلەن تونۇلغان بۇ ھەرىكەت، توپتوغرا 10 يىل داۋام قىلىپ، 1976 - يىلى سىنتەبىردە ماۋزېدۇڭ ئۆلگەندىن بىر ئاي كېيىن توختىتىلدى. دېمەك، «ماۋ» قارانىيىتىگە يېتەلمىدى. خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ جەھەننەمگە كەتتى، ئەھۋال شۇنداق تۇرسىمۇ ھازىرقى خىتاي باشلىقىلىرى، ئۇنىڭ كەلتۈرگەن بارلىق ئاقىۋەتلىرىنى «4 كىشىلىك گۇرۇھ» قا ئاغدۇرۇپ، «ماۋ» نى بۇ ھەرىكتتىن پۈتۈنلەي بىخەۋەردەك قىلىپ كۆرسەتتى. بىز تارىخى ھەقىقەتنى بۇرمىلاشقا يول قويۇپ، ئۇنىڭدىن چەتنەپ كەتكىنىمىزدە، تارىخ ئالدىدا جاۋابقا تارتىلىپ، «ماۋ» ئىستىبدادىنىڭ ۋە بىگۈنا قۇربانلارنىڭ خاتىرسىنى ھۆرمەت قىلمىغان بولىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ ئىلھامچىسىلا ئەمەس، بەلكى ئىجاتچىسى، يوليۇرۇقچىسى ماۋزېدۇڭ ۋە ئۇنىڭ پىكىرداش شىرىكلىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىق پاش قىلىشنى، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىن ئازاپ چەككەن ۋەتىنىم، خەلقىم ئالدىدىكى بۇرچۇم دەپ، قولۇمغا قەلەم ئېلىپ خاتىرىلىدىم. شۇنى قەتئى پاش قىلىشىم كىرەككى: پاجىئەنىڭ يەنە بىرسى، مىللىتىمنىڭ كۆپ ئەسىرلىك ئىجابى ئەمگىكى بىلەن مەيدانغا كەلگەن ئاجايىپ نادىر ئەسەرلىرى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» بىلەن يوقىتىلغاندۇر....

 خىتاي كۆچمەنلىرى ھەققىدە

 خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسان بۈگۈنكى پىلان بولماستىن، 18 - ئەسىرنىڭ 2 - يېرىمى ۋە 19 - ئەسرنىڭ 80 - يىللىرىدىن باشلانغانىدى.

1755 - يىللىرى شىمالىي شەرقىي تۈركىستاننى، 1757 - يىلىدىن 1759 - يىللارغىچە قەشقەرىيەنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، خىتاي ئىمپېراتۇرلىقى شەرقىي تۈركىستانغا مانجۇ ۋە خىتايلارنى كۆپلەپ كۆچۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى. 1ـ قەدەمدە مانجۇر، شىۋە، سولۇن (داغۇر) لار. 2 ـ قەدەمدە خىتاي جىنايەتچىلىرى بىلەن ئوغرى، قىمارۋاز، ئەپيۇنكەش، جازانىخۇر قاتارلىق خىتايلار كۆچۈپ چىقىشقا باشلىدى. بۇلار ھۆكۈمەت ئىقتىسادى بىلەن كۆچۈرۈلگەنىدى. 3 ـ قەدەمدە تۇڭگانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ چىقىشىنى خالىمايتتى. چۈنكى تۇڭگانلار ئىسلام دىنىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، بىرەر ۋەقە يۈز بېرىپ قالسا، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ كېتىدۇ، دەپ ئىھتىيات قىلاتتى. بۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئاساسى كۆپچىلىكى ئۈرۈمچى، ئىلى تەۋەلىرىگە ئورۇنلاشتى. چۈنكى، ئىلىدا (كۆرەدە) جاڭجۇڭ تۇرغان بولسا، ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە تۆۋەن ئەمەلدار تۇراتتى. شۇلارنىڭ مۇھاپىزىتىدە ياشايتتى. كېيىن قەشقەرىيەمۇ ئېشىپ قالمىدى. شۇ قاتاردا شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىش نىيىتىدە چىققان كۆپ ساندىكى خىتاي ھەربىيلىرى خىزمەت ئۆتەش ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، خىتاي ئىچىگە قايتۇرۇلماستىن شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈلگەنىدى. 18 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن باشلاپ، 19 - ئەسىرنىڭ 2 - يېرىمىغىچە شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشكەن خىتايلارنىڭ سانىنىڭ قانچىلىك ئاشقانلىقىنى ئىلى كورپىسى بىلەن غۇلجا ئارىلىقىدىكى دودىشاڭ (شال تېرىلىدىغان جاي) خىتاي ماناخلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىدىن بىلىشكە بۇلاتتى. شۇ ۋاقىتنىڭ مەنبەلىرىگە قارىغاندا، شۇ جايدىكى خىتاي ماناخلىرىنىڭ سانى 1000 دىن ئاشقان. دېمەك، ماناخلار سانىنىڭ كۆپىيىشى، خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئۆلچەم قىلىناتتى. بۇ توغرۇلۇق ئىلى ئۇيغۇرلىرىدىن مۇنداق رىۋايەت تارقالغان. شۇ جايدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئۆز ئارا سۆزلىشىپ،  قانداق ئەھۋالىڭلار، نېمە ئىش قىلىۋاتىسلە؟ دەپ بىرەرلىرىدىن سوراشسا قايسى بىرسىنى ئېيتاي، دودىشاڭدا بىر پاشىغا بىر خىتاي دەپ جاۋاپ بىرىدىكەن. لېكىن 1864 - يىلىدىكى ئىلى قوزغىلىڭىنىڭ غەلىبىسى بىلەن شۇنچە كۆپ ساندىكى خىتايلار، خۇددى مامكاف گۈلىدەك تۇزۇپ كەتتى. شۇ ۋاقىتدا مەيلى قەشقەرىيە، مەيلى شىمالىي شەرقىي تۈركىستاندا بولمىسۇن، خىتايلار ئاساسى جەھەتتىن تۈگىگەنىدى. (پەقەتلا يوقىدى) 1878 - يىلىدا باشلانغان، زۇزۇڭتاڭ تاجاۋۇزى بىلەن 600 مىڭدەك ئەجدادىمىز، قومۇل، تۇرپان، ماناس، كورلا ۋە باشقا جايلاردا قىرىلىپ يوقىتىلدى. قان كېچىپ، 7 شەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان زۇزۇڭتاڭ ― مانجۇر خانى «كاڭشۈي» گە (1875 - يىلدىن 1908 - يىلىغىچە ئىمپېراتۇر بولغان) قىلغان دوكىلاتىدا : «شىنجاڭ خەلقىنىڭ مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ تېررىتورىيىسىدىكى مەسجىتلەردە ئېچىلغان مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنى تاقاش، مۇسۇلمانلارنىڭ رەسمى ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى چەكلەش، مانجۇر ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى كىرگۈزۈش، ئۇيغۇرلارنى ئاممىۋى يۇسۇندا خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەش ۋە باشقىلارنى ئىجىرا قىلدى». «شىنجاڭ قىسقىچە تارىخى ئوچرىگى» دېگەن كىتابنىڭ 17ـ بەتتە (1972- يىلى ئالمۇتا رۇسچە نەشرى) بۇ مەسىلىدە ئاپتۇر، غەربىي يۇرتقا «شىنجاڭ» نامىنى بېرىش، ئۇنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى «دىخا» دەپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق مۇھىم تەكلىپلەرنى ئۇتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن 1884- يىلى 18- نۇيابىر كۈنى، ئىمپېراتۇر يارلىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا «شىنجاڭ» دېگەن نامنى بېكىتكەن.

مانجۇ خانلىقى، زوزۇڭتاڭ تەرىپىدىن سۇنۇلغان خىتايلاشتۇرۇش تەكلىۋىنى بۇ ئىسيانكار خەلقىنىڭ زېمىنىدا ئىجرا قىلىشقا بولمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، پەقەتلا ئىلىم ـ ئىرفان ئورۇنلىرىنى قىسقارتىپ، خەلقنى نادانلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بىلىمى تۆۋەن موللىلار ياكى ئاخۇنۇملارنىڭ ئاياللىرى (قوشناچىملار) باشقۇرۇشىدىكى باشلانغۇچ دىنى مەكتەپلەرگىلا روخسەت قىلغان. ئەمما ياۋرۇپادىكى يېڭى تەرەققىياتنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تەسىر قىلىشى بىلەن مانجۇ خانلىقىنىڭ مائارىپ ئۈستىدىكى سىياسى بېسىمى كۈچكە ئىگە بۇلالماي قالدى. مەسىلەن: ئاكا ـ ئۇكا مۇسا بايۇپلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئاتۇشنىڭ ئىكىساق كەنتىسىدە يېڭى مائارىپ دولقۇنى باشلاندى.  بۇ ھەرىكەتنى شۇ ۋاقىتتىكى نۇرغۇن تەرەققىپەرۋەر كىشىلەر قۇۋەتلەپ مەيدانغا چىققانلىقى ئۈچۈن كېيىنكى يىللارغا كەلگەندە ئۇ مەرىپىتىمىزنىڭ قەدەملىرى سۈپىتىدە راۋاجلىنىشقا باشلىدى. جاي ـ جايلاردا يېڭى پەننى مەكتەپلەر ئېچىلىپ، ئۆسمۈرلىرىمىز ئىلىم قوينىغا ئېلىندى. مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ بۇ ئۇچقۇنلىرى، ياڭزىڭشىڭ دەۋرىگە كەلگەندە يەنە چەكلەندى. ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئاققۇزۇپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى قاماپ مەكتەپنى يېپشقا باشلىدى. مەسىلەن: 1924 - يىلى غۇلجىدىن مەسئۇت ئەپەندى بىلەن ئابدۇراخمانلارنى قولغا ئېلىپ، غولجا دوتەي يامۇلىغا 3 يىل قاماپ، ئۈرۈمچىگە قەپەز بىلەن ئاپىرىپ سولىدى. بۇ ياڭزىڭشىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان مائارىپىغا نىسبەتەن دەسلەپكى توسقۇنلىقى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن يېڭى مائارىپ زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ 1931 - يىلدىكى ئىنقىلاپ غەلىبىسى بىلەن باشلانغان مائارىپقا ئاساس سالدى.

يەنە خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسىگە قايتىمىز. زوزۇڭتاڭ تاجاۋۇزىدىن كېيىن، بۇ ئۆلكىدە خىتايلار يەنە پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ھەربىي مۈلكى ئەمەلدارلار پۈتۈنلەي خىتاي قوللىرىدا بولغاچقا، ئۇلار بەزى ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنى چاقىرىش ئىشلىرىنى بىر قەدەر ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، كۆپىيش نىسبىتى دېيەرلىك بولمىغانىدى.

ياڭزىڭشىن دەۋرىگە كەلگەندە، خىتايدىن كۆچمەن چىقىرىش ئىشى توختىتىلغانىدى. چۈنكى، ياڭزىڭشىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىشىك تاقاش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، خىتايدىن ۋە باشقا ئەلدىن ئادەم كىرگۈزۈشنى ئۆزى ئۈچۈن خەۋپ ھېسابلاپ شۇنداق دېگەن، «ئىچكىرىدىن چىققان ئەمەلدار، ئەسكەر ۋە كۆچمەنلەر بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ماڭا قارشى قۇترايدۇ. ئاتالمىش «سۇڭجۇڭسەن مەسىلىكى»نى تەرغىپ قىلىپ، پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرىدۇ. توغرىسى، مېنىڭدىن ھوقۇق تالىشىدۇ. ئۇنداق بولغاندا ئۆلكىنى ئۇزۇن مۇددەت تىنچ ئامان ئىدارە قىلغىلى بولمايدۇ. دېمەك شىنجاڭغا كېلىدىغان ئاپەت يەرلىك خەلقتىن ئەمەس. ئىچكىرىدىن ئېقىپ چىققان ئەمەلدار، ئەسكەر ۋە كۆچمەنلەردىن كېلىدۇ. كەلمەكتە» (يېڭى ھايات گېزىتىنىڭ 1986 - يىل 11 - ماي كۈنىنىڭ سانىغا بېسىلغان «ياڭزىڭشىننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىستىبداتلىق تۈزۈمى» ناملىق ماقالىگە قارالسۇن) دەپ قاتتىق چەكلىگەنىدى. خەۋپ ـ خەتەر ئېيتقاندەك خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن كەلگەنىدى.

1928 - يىلى 7 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە «ياڭ» 1924 - يىلى تەشكىل قىلىنغان «رۇس سىياسى قانۇن مەكتەپ» ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئوقۇش پۇتتۈرۈش مۇراسىمىدە، شۇ مەكتەپ مۇدىرى ۋە «ياڭ» نىڭ تاشقى ئىشلار ئىدارە باشلىقى «پەن ياۋنەن» تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى. پۇرسەتتىن پايدىلانغان يەنى ياڭزىشڭنىڭ ئىشەنچىلىك ئەمەلدارى، ئىچكى ئىشلار نازىرى «جىن شۇرىن» شىنجاڭ تەختىگە چىقتى. بۇنىڭ 5 يىللىق (1928 - يىلىدىن 33 - يىلىغىچە) ھۆكۈمرانلىقى ياڭزىڭشىڭ سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلدى.

چىن شۇرىن بىرىنچى قېتىم گەنسۇدىن ئۆز يۇرتداشلىرىدىن 80 ئۆيلۈك خىتاينى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن كۆچۈرۈپ چىقىپ، قومۇلغا يەرلەشتۈردى. بۇ خىتايلارغا زورلۇق بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تەييار يەرلىرىنى بۆلۈپ بەردى. ئۇيغۇرلارنى باشقىدىن بوز يەر ئېچىۋېلىشقا بۇيرىدى. بوز يەرلەردىنمۇ غەلە ـ پاراقنى ئاۋۋالقى تەرتىپتە ئېلىۋەردى. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىۋىنى قوزغىدى. (ئۇيغۇر تارىخىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى 68 - بەت. 1960 - يىل ئۈرۈمچى) دېمەك، جىن شۇرىن دەۋرىدە كۆچمەن خىتايلار ئاز ـ تولا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن ئەڭ ئاساسلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي شىمال ئۆلكىلىرىدىن چىقىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتكەن 6000 دەك خىتاي ھەربىي قاچقۇنلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق، قورالسىز جىن شۇرىن ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنىدى. بۇ خىتايلار كېيىنكى ۋاقىتلاردا، شىڭشىسەينىڭ تەختكە چىقىشىغا ئاساسى كۈچ بولۇپ قوشۇلغانىدى.

شىڭشىسەي ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە، خىتايلارنى ئىچكىرىدىن كۆچۈرۈپ چىقىش ئاساسى جەھەتتىن توختىتىلغانىدى. ئەمما، يەنئەندىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق ئۆلكىگە كەلگەن، بىر نەچچە خىتاي كوممۇنىستلىرىلار بار ئىدى. كېيىن شىڭشىسەي يەنئەندىن بىر نەچچە مىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنى چاقىرتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ماۋزېمىن، چىڭتەنچۇ قاتارلىق شەخىسلەرمۇ بار ئىدى. شۇنداقتىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلار سانى ئاساسەن ئاز ئىدى. 1943 - يىلىدىن باشلاپ، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئۆلكىگە خىتايلار يېغىپ كەتتى. بۇلارنىڭ ئاساسى كۆپچىلىكى ھەربىيلەر ئىدى.

1946 - يىلى بىتىم ئاساسىدا قۇرۇلغان شىنجاڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت (ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى بىلەن 7 ۋىلايەتنى بېسىپ ياتقان گومىنداڭ ھۆكۈمىتى) مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى نوپۇسىنى مۇنداق كۆرسەتكەن: «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار 4 مىليۇن 20 مىڭ 500، قازاقلار 478000، قىرغىزلار 115300، تاجىكلار 22000، رۇسلار 22000، مانجۇر، شىۋە، سولانلار 40000، خىتايلار بولسا ھەربىيلەر بىلەن قوشۇلۇپ 275000،» (بىزگە تىنچلىق كېرەك دېگەن كىتابنىڭ 46 – 47 - بەتلەر 1947- يىل غولجا)

بۇ ۋاقىتلاردا خىتايلار سانىنىڭ بۇنداق كۆپىيىپ كىتىشى، ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن تىنچىلق بىتىمدىن كېيىن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەسكەر كۈچىنى ھەدەپ ئاشۇرۇشىدىن بولغانىدى. بۇ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىسىگە قارشى يۈزمىڭلىغان كۈچىنى توپلاشقا مەجبۇرلىغانىدى. لېكىن گومىنداڭچىلار ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۇنىڭدىن ئارتۇق ھەربىي كۈچىنى يۆتكىيەلمىگەن ئىدى.

1949 - يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەن خىتاي كوممۇنىسلىرى ھېچقانداق توسالغۇ ـ قارشىلىقسىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى. بۇلارغا تەسلىم بولغان گومىنداڭ ئارمىيەسى، ئىشلەپچىقىرىش ئارمىيەسىگە ئۆزگەرتىلىپ ئۆلكىدە قالدۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى باسقۇنچى ئارمىيە بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلار سانىنىڭ كۆپىيىشگە ئاساس سالدى. بۇلار ئۇزۇن مۇددەت ھەربىي خىزمىتى بىلەن بويتاق قالغان، دەپ خىتايدىن ھېسابسىز قىزلارنى ئېلىپ چىقىپ ھەربىيلەرگە خوتۇنلۇققا، يەرلىك خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇمۇ خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە باغلىق ئىدى.

خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈلۈپ يەرلەشتۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە، ئىستانبولدا چىقىدىغان (1990 - يىل 28 - توپلام 7 - سان) «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ژورنىلىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىستىتى ئوقۇتقۇچىسى سۇلتان مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «20 - ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى» ناملىق ماقالىسىغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ بىر بۆلۈمىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە قورۇلۇش ئارمىيەسى قىلىشقا بويرۇق چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن 1953 - يىلىدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاندا سەككىز يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تۈۋەنى (شى)، ئىككى سانائەت قۇرۇلۇش تۈۋەنى، بىر ئىنشائات تۈۋەنى تەشكىل قىلىندى.

ئەركىن ئالپىتېكىن (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋەكىلى بولمىغان مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى) نىڭ ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتىنىڭ 1992 - يىل 6 - ئۆكتەبىر كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان «ئاخىرقى سىياسى ئۆزگىرىشلەر ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ماقالىسغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتى ھوسۇللۇق دەپ ھېسابلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانغا كۆچمەكتە. ئۇزاق ۋاقىتقا مۆلچەرلەنگەن بۇ كۆچۈرۈش پىلانىدا، 100 مىليۇنلىغان خىتاينى ئورۇنلاشتۇرۇش، خىتايلارنىڭ كۆپلەپ چىقىۋاتقانلىقىدىن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆز يۇرتىدا ئاز سانلىق دەرىجىسىگە چۈشۈشكە باشلىدى. مەسىلەن: ئۇيغۇرلار، 1957 - يىلى 75 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان بولسا، بۇ سان 1982 - يىلى 53 پىرسەنتكە، 1990 - يىلى 40 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالدى. ئەكىسىچە 1953- يىلى بارلىغى 6 پىرسەنتنى تەشكىل قىلغان خىتايلار بۇ دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى.

مېنىڭچە خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ چىقىش ئىشى 1957 - يىلىدىن 1959 - يىللارغىچە داۋام قىلغان ئىستىل تۈزۈتۈش ۋە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت بىلەن بىرگە باشلاندى. شۇ ھەرىكەت داۋامىدا چېگرا رايونىغا ياردەم قىلىپ، كەمبەغەلچىلىكنى يوقىتىش شۇئارى بىلەن خىتايلارنى كېچە ـ كۈندۈزلەپ ئېلىپ چىقىشقا كىرشتى. بۇ ۋاقىتلاردا خىتاي كۆچۈرۈپ چىقىشقا قارشى كۈچلەر بولسا، ئىستىل تۈزۈتۈش ۋە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەتنىڭ ئوبېيىكتى قىلىنىپ، ئۇلار مىللەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ كۈرەش قىلىنىۋاتقان ئىدى. ئۆز ھالاكىتى بىلەن قالغان ۋەتەنپەرۋەرلەر، خىتاي كۆچۈرۈش سىياسىتىگە قارشى چىقىشقا ئاجىز ئىدى. بۇ چوڭ تازىلاش ۋە قورقۇتۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن خىتاي كۆچۈرۈش ئىشى ناھايىتى تېزلەشتۈرۈلدى. مانا بۇ ئاپەت بىلەن ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ياخشى يەرلىرى، يايلاقلىرى خىتايلار قولىغا ئۆتكەن. يەرلىك خەلقلەر بولسا ئوتتۇرىغا سىقىلىپ قورشاۋغا ئېلىنغان. خىتاي سانىنىڭ بۇنداق كۆپىيىۋاتقانلىقى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قاتتىق تەشۋىشلەندۈرمەكتە. ئىشلەپچىقىرىش ئارمىيەسىنىڭ زوراۋانلىقى بىلەن يەرلىك دېھقانلار پايدىلىنىدىغان سۇلاردىن پايدىلىنىپ، زىرائەتلەرنىڭ قۇرۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى ئۇچراپ تۇرماقتا. مەسىلەن: 1989 - يىلى قەشقەر ۋىلايەت يۇپۇرغا ناھىيىسىنىڭ سۇسىز قېلىپ، زىرائەتلىرىنىڭ قورۇپ كېتىشى ئىشلەپچىقىرىش ئارمىيەسى ناھىيەنىڭ سۈيىنى تۇسۇپ قويغانلىقتىن بولغان.

بۇ قوراللىق زومىگەرلەر ئالدىدا، يەرلىك خەلقلەر كۈچكە ئىگە ئەمەس. ئىچكىرىدىن كۆچۈپ چىققانلار، يەرلىك خەلقلەرگە قارىغاندا ھەممە ئىمتىيازلارغا ئىگە. بۇلار قايسى جايغا بارسا ۋە نېمە ئىش قىلسا، خۇجايىنلار ئۆزلىرىدىن بولغاچقا ئىش بىلەن تەمىنلىنىدۇ. يەرلىكلەرگە ئىش يوق. شايار ناھىيىسىدىن نېفىت چىققاندا خەلقى ئەمدى ئىش بىلەن تەمىنلىنىدىغان بولدۇق دەپ خوشاللانغان بولسىمۇ، خەلقنىڭ بۇ خوشاللىقى قايغۇغا ئالماشقان. نېفىت كانىغا ناھىيە خەلقىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەس، ھەتتا ئۇلارنىڭ نېفىت چىققان يەرنى كۈرۈش ئۆلۈم بىلەن چەكلەنگەن. دېمەك، نېفىت كانىنى پۈتۈنلەي خىتايلار بىلەن تولدۇرغان.

خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سانىنىڭ ھەددى ـ ھېسابسىز ئېشىۋاتقانلىقىغا قارىتا شائىر ئىبراھىم تۇردى نارازىلىقىنى مۇشۇ شېئىر بىلەن ئىپادىلەيدۇ:

«ئەي ئاسمان!

يىغشتۇر ئاسماقلىرىڭنى.

مېنىڭ بۇ تار ۋەتىنىم قوبۇل قىلالمايدۇ.

ھاياتقا ئىشقى يوق قاسماقلىرىڭنى.»

 

ئاتۇم سىناقلىرى

 ئەمدىكى دەھشەت، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كورلا ۋىلايەت تەۋسىدىكى لوپنۇر كۆلى بويىدا ئاتۇم پارتلىتىش بولۇپ، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ھەم پاسكىنا ئاتۇم پارتلىتىش ئورنى بولۇپ قالدى. لوپنۇردا داۋاملىشىۋاتقان ئاتۇم سىناقلىرىنى توختىتىشنى ۋە ئۇنى يېپىش كۈرىشى كۈچلۈك دولقۇنغا ئايلاندى. ئومۇمى ئىنسانىيەتنىڭ ئاتۇم پارتلىتىشقا يول قويماسلىقىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى قەتئى يوقىتىش ئۈستىدىكى كۈرەش غەلىبىگە ئېرشتى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا، فرانسىيە كېڭەش ئىتتىپاقى كېيىن، روسيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر، دۇنيا خەلقىنىڭ بۇ ھەقتىكى نارازىلىقلىرىغا قۇلاق سالغان ھالدا، ئۆز دائىرسىدىكى ئاتۇم پارتلىتىش ئورۇنلىرىنى يېپشقان بولسىمۇ لېكىن ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمرانلىرى دۇنيا خەلقلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى مەنسىتمىگەن ھالدا لوپنۇردىكى ئاتۇم پارتلىتىشنى توختاتماستىن. جاھىللارچە يەنە ئاتۇم پارتلىتىش بىلەن ئىنسانىيەتنى زەھەرلىمەكتە. بۇ دەھشەتنىڭ ئېغىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىگە چۈشمەكتە. شۇ قاتاردا قوشنا ئەللەر، بولۇپمۇ مەركىزى ئاسىيادىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ، مەسىلەن: قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە باشقىلارغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتمەكتە. خىتاي ھۆكۈمرانلىرى شەرقىي تۈركىستان، جۈملىدىن، دۇنيا خەلقىنىڭ ئاتۇم سىناقلىرىنى توختىتىپ ئاتۇم زاۋۇتلىرىنى يېپىش تەلەپلرىنى ھېسابقا ئالماي، سادىر قىلىۋاتقان بۇ جىنايىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرشى، ئەلۋەتتە ئىنسانىيەتكە كۈچ كۆرسىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

 تۇغۇت چەكلەش

 شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىلىۋاتقان قورقۇنۇشلۇق ئاپەتنىڭ يەنە بىرى توغۇت چەكلەش. بۇ ئۇچۇقتىن ـ ئۇچۇق نەسىل قورۇتۇشقا قارىتىلغان سىياسەت بولغاچقان ئۇنىڭغا قەتئى قارشى تۇرۇش لازىم. بولمىسا، ئىشغالىيەتچى خىتايلار توغۇت چەكلەش  يولى ئارقىلىق نەسلىمىزنى ئازايتىپ، قالغانلارنىمۇ يىللار ئۆتكەنسىرى سىياسى، ئىقتىسادى بېسىم بىلەن ئۆزىگە قوشۇۋېتىش سۈيقەستىدە بولىشى تۇرغان گەپ.

توغۇت چەكلەش  مەسىلىسى بولسا، خىتاي پەيلاسۇپلىرىنىڭ ئەقىل ئىدرىكى بىلەن ئويلاپ تاپقان ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتايلارنىڭ كۆچۈرۈلۈپ چىقىۋاتقانلىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا بىر خىل يېڭى ئەۋلادلار پەيدا بولدى، دېگەن ھېسسىياتقا ئېرشكەن خىتاي ھۆكۈمرانلىرى، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئائىلىلەردە توغۇت چەكلەشنى قانۇنلاشتۇردى. بۇنىڭغا رىئايە قىلمىغانلارنى ھەر خىل سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى جازالار بىەن قىستاشقا باشلىدى.

ئەركىن ئالپىتېكىن شۇ ماقالىسىدا مۇنۇلارنى يازىدۇ:

«خىتاي ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ سانىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەش ئۈچۈن، 1974 - يىلىدىن باشلاپ توغۇتنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشنىڭ قاتتىق سىياسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرشتى. مۇشۇ يوليۇرۇقلارغا بىنائەن، قىزلار 20، ئوغۇللار 25 ياشقا توشمىغۇچە توي قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. بىردىن ئۇشۇق پەرزەنت كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئەگەر بۇ قانۇنغا بويسۇنماي پەرزەنت كۆرگەن شارائىتتا، 3000 يۇەندىن 5000 يۇەنگە قەدەر جەرىمانە ئېلىنىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ تەدبىرلىرى ئارقىلىق، خىتايلارنىڭ تەبىئى ئۆسۈشىنى 2000 - يىلغىچە، بىر مىليارت 200 مىليۇندىن ئاشۇرماسلىققا تىرشماقتا.»

شۇنى كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ نىگىزى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر بايلىقىغا ئىگە بولۇش بولۇپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلار كېرەك ئەمەس. ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن، خىتايلارنى كۆچۈرۈپ چىقىپ يەرلەشتۈرۈش، توغۇت چەكلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قورۇتۇش چارىسىنى ئويلاپ تاپتى.

لېكىن، خىتاي ھۆكۈمرانلىرى بىر نەچچە ئەسىردىن بىرى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ياكى ئۇلارنىڭ تىل، پىسخولىيەگەلىك بىرلىكىگە تەسىرىنى ئۆتكۈزۈشكە قاتتىق تىرشقان بولسىمۇ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى چوڭ پەرق، سىياسى جەھەتتىكى چىگىلىنىش، دىنى ئىدىئولوگىيە جەھەتتىكى ئوخشاشماسلىق، قان، ئىرق جەھەتتىكى ئاسمان ۋە زېمىن ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتەك چوڭ پەرق  ھەمدە خەلقىمىزنىڭ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز ساداقىتى ئۇلارنىڭ يامان غەرەزلىرىگە چوڭ توسقۇنلۇق قىلغانىدى ۋە قىلماقتا.

خىتاي دانىشمەنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا توغۇت مەسىلىسدە ئويلاپ تاپقان خىيالپەرەس ھېسسايتلىرى 21 - ئەسىردە ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس.

نوپۇسنىڭ كۆپلىكى، ھەربىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى، ھىلە ـ مىكىرلىرىنىڭ چوڭقۇرلىقى بىلەن سانى ئۆزىدىن ئاز خەلقلەرنى دەپسەندە قىلىپ، قۇللۇق بىلەن ئىدارە قىلىدىغان زامان ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن. 20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر، دۇنيادا مۇستەملىكىچىلىك تۈزۈم كۈچلۈك ھۆكۈم سۈرگەنىدى لېكىن، ئىنسانىيەتنىڭ زاكاۋىتى، ھەقىقى دېموكراتىيە ― ئادالەتنىڭ تەنتەنە قىلىشى، مۇستەملىكە ئەللەرگە ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتمەي قالمىدى. ئۇلار ئويغىنىپ كەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزى ئەشەددى جاھانگىرلىك مەۋقەسىدە تۇرۇپ، سىرتقا قارىتا مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈچلۈك تەشۋىق بىلەن خەلقئارادا ئازاتلىق ھەرىكىتىنى قوزغاشتا، مەلۇم رولغا ئىگە بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى، 21 - ئسىرگە قەدەم قويۇش ئالدىدا غۇلاشقا باشلىدى. قايتا ئۆزگەرتىپ قورۇشنىڭ غالىپ كۈچى بىلەن سوۋېت ئىمپېرىيىسى غۇلاپ چۈشۈپ، ئۇنىڭ مۇستەملىكلىرى بولۇپ كەتتى. شۇ قاتاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى خەلقلەر ئۆز مۇستەقىللىقلىرىغا ئېرشتى.

بۇ ھايات دولقۇنى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغىمۇ تەسىر قىلىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلار ھەر خىل يول بىلەن ۋەتەن داۋاسى، ئۇچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي ئىشغالىيىتىدىن قوتۇلدۇرۇپ، ئەركىن، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھەققانى داۋاسى ئۈستىدە، جاي ـ جايلاردا سىياسى كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەمدى بۇ كۈرەشنى توختىتىش زادى مۇمكىن ئەمەس. مۇستەملىكىچىلىككە قارشى بۇ ھەرىكەت دۇنيانىڭ ھەققانى تەلىۋىدۇر...

 

باش بەت

aturan2003@yahoo.com

بارلىق نەشر ھوقۇقى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىغا ئائىت

 All Rights Reserved Taklamakan Uyghur Publishing 2007 --- 2009 http://www.uyghurweb.net