|
جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا نەشىر قىلىنغان دىنىي كىتابلارغا
قىسقىچە باھا
ئابدۇلجېلىل تۇران
جۇڭگو كوممۇنىست ھاكىمىيىتى 1949 - يىلى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا
تاجاۋۇز قىلىپ بېسىپ كىرگەندىن كېيىنلا ھەرخىل باھانىلەر بىلەن دىنىي
ئالىملىرىمىزنى تۈرلۈك يوللار بىلەن يوق قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن
كىتابلىرىمىزنى، جۈملىدىن دىنى كىتابلىرىمىزنى ئۆيمۇ ئۆي ئاختۇرۇپ يىغىپ
چىقىپ پۈتۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا دۈۋە – دۈۋە كىتابلارنى
كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇردى.
80 –
يىللاردىن كېيىن جوڭگو ھۆكۈمىتى يولغا قويغان «كەڭچىلىك» سىياسىتىدىن كېيىن
ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللام تەرجىمە قىلغان «مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»، «سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى»، ئۇنىڭدىن
كېيىن، «قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» قاتارلىق كىتابلار نەشىر
قىلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنى كىتابلارغا بولغان ئېھتىياجى قىسمەن ھەل
بولدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى دىن ئارقىلىق خىتاي
ھۆكۈمىتىگە بويسۇندۇرۇش ۋە خىزمەت قىلدۇرۇش مەقسىتى بىلەن «جۇڭگو ئىسلام
دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى» تەرىپىدىن «يېڭى ۋەز –
تەبلىغلەر» ناملىق ئىككى قىسىملىق كىتابنى يېزىپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە
قىلدۇرۇپ، يۈزمىڭ نۇسخىدىن باستۇرۇپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى مەسجىد
ئىماملىرىغا مۇشۇ كىتابتىن ۋەز ئېيتىشنى شەرت قىلغان. ئادەتتە ئۇيغۇرچە
كىتابلارنىڭ تراژى ئىككى – ئۈچ مىڭدىن ئاشمايدۇ.
مەزكۇر كىتابتا، «مەملىكىتىمىزدە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى
قوغدايدىغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» قاتارلىق بىر
تۈركۈم قانۇن ئاللىبۇرۇن تۈزۈپ چىقىلغان. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ
ئاساسىي قانۇنى» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا تەنتەنىلىك ماقوللانغان. شۇ
يىغىنغا قاتنىشىپ «ئاساسىي قانۇن»نى ماقۇللاشقا ئاۋاز بەرگەن ھەر بىر ئادەم
ئەھدە تۈزگەنلەر ھېساپلىنىدۇ. شۇ مەيداندا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىللىرى
بار ئىدى. ئۇلار بىز بارلىق جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىغا ۋاكالىتەن ئەھدە تۈزۈش
ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. «ئاساسىي قانۇن» دا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ھەر
مىللەت خەلقى باب – باراۋەر، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگە
ھۆرمەت قىلىنىدۇ، پۇقرالار دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا ئىگە،
دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر بىر پۇقرانىڭ ۋەتەننى قىزغىن
سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى
بار» دېيىلگەن .
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نى تۈزۈشكە قاتنىشىپ ئەھدە
تۈزگەنلەر كىم؟ ئۇلار قايسى خەلقكە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ ئۇلارنى قايسى خەلق
سايلىغان؟ ئۇلار «ئەھدە» تۈزگەندە بىرەر پىكىر بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ
باققانمۇ؟ ئەلۋەتتە ياق. جۇڭگودا ۋەكىللەرنى خەلق سايلىمايدىغانلىقىنى،
ئۆزلىرى نېمە دېسە «خوش» دەپ ئولتۇرىدىغانلارنى تاللاپ ۋەكىل
قىلىدىغانلىقىنى جۇڭگو خەلقى، شەرقى تۈركىستان خەلقى، جۈملىدىن دۇنيا خەلقى
بىلىدۇ. خەلقكە ھەقىقى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئالىملار، جامائەت ئەربابلىرى
تۈرمىلەردە ياتىدۇ، قولىقى يۇمشاق، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ساداقەت بىلەن خىزمەت
قىلىدىغان لەنەتكەردى موللىلارلا ۋەكىل بولۇپ سايلانغىنى ئۈچۈن ئۇنداق
«ۋەكىللەر»نىڭ ۋەكىللىكى ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. كوممۇنىستلار بىلەن «ئەھدە»
تۈزگەنلەر مۇسۇلمانمۇ ھېساپلانمايدۇ.
بۇ
كىتابتا ئىسلام دىنىنىڭ «مىللەتلەر باراۋەرلىكى» نەزەرىيىسى كۈچەپ تەشۋىق
قىلىنغان بولسىمۇ، ئىسلام دىنىنىڭ «باشقىلارغا زۇلۇم قىلماسلىق، باشقىلارغا
تاجاۋۇز قىلماسلىق، باشقىلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالماسلىق» دېگەن تەلىماتى
پەقەت تىلغا ئېلىنمىغان، تەبىئىكى، كوممۇنىستلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا
يېزىلغان ئۇنداق كىتابلارغا ئادالەتپەرۋەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىنىڭ
يېزىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
«ئاساسىي قانۇن»دا دېيىلگەندەك راستىنلا ھەر مىللەت خەلقى باب – باراۋەر
بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۆز ھەق – ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.
نېمە ئۈچۈن ھەق – ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغانلار ئەڭ ۋەھشى زۇلۇملارغا ئۇچرايدۇ،
تۈرمىلەرگە قامىلىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىدۇ. نېمە ئۈچۈن يەرلىك ئۇيغۇرلار
بىلەن كەلكىندى مىللەتنىڭ ھوقۇقى باراۋەر بولمايدۇ؟ ئەگەر راستىنلار ھەر
مىللەت خەلقى باب – باراۋەر بولىدىغان بولسا ، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ
ئولتۇراق جايلىرى خەنزۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مەكتەبلەردە
ئۇيغۇر ئوقۇچىلىرىغا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشنى مەنئى قىلىپ خەنزۇ تىلى ئوقۇشقا
مەجبۇرلايدۇ؟ ئەگەر راستىنلار ھەر مىللەت خەلقى باب – باراۋەر بولسا، جۇڭگو
ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشتە رىكورت ياراتمىغان بولاتتى. ئەگەر
راستىنلار ھەر مىللەت خەلقى باب – باراۋەر بولسا، بۈگۈن جۇڭگو ھۆكۈمىتى
تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان قورساقتىكى بالىلارنى ئېلىپ
ئۆلتۈرۈش، ئەرلەرنىڭ زەكىرىگە سىم تىقىپ قىيناش، مۇز ئۈستىدە يالاڭ ئاياق
تۇرغۇزۇپ جازالاش، ئاچ قويۇپ جازالاش، يىگىرمە يىل تۈرمىدە يېتىپ چىققان 75
– 80 ياشلاردىكى دىنى ئالىم، جامائەت ئەربابلىرىنى تۇتۇپ قاماشتەك دۇنيادا
جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە مۇستەملىكە بولۇپ باقمىغان مىللەتلەرنىڭ بېشىغا كېلىپ
باقمىغان زۇلۇملار ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزۈلمىگەن بولاتتى.
«ئاز
سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش» دېگەن سۆز ئۇلارنىڭ
مەسجىد – مەدرىسىلىرىنى يىقىپ تاشلاپ، مەدەنىي يادىگارلىقلىرىنى، ئاسارە –
ئەتىقىلىرىنى ۋەيران قىلىپ، دىنىي، تارىخى، ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ
يوق قىلىش، «پۇقرالار دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنىلىگە ئىگە» دېگەن سۆز
ئۇلار ناماز ئوقۇسا بولمايدۇ، روزا تۇتسا بولمايدۇ، ھەج قىلىشقا بولمايدۇ،
رامىزاندا ئوقۇغۇچىلارغا، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە مەجبۇرى تاماق يېگۈزۈلىدۇ،
دېگەن بولامدۇ؟ راستىنلا ئازراق دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولسا، نېمە ئۈچۈن
ناماز ئوقۇغانلار ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن جەرىمانە تۈلەيدۇ، جازاغا
ئۇچرايدۇ؟ ئەگەر راستىنلار ئازراق دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولسا ئىدى،
ياشلارنىڭ دىنى ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان، ئۇستازلار تۇتۇپ تۈرمىلەرگە
قامالمىغان، ھەجگە بارماقچى بولغانلار دۇنيادا كۆرۈلۈپ باقمىغان مىڭ بىر
مۇشەققەتكە، تۈرلۈك تالان - تاراجقا ئۇچرىمىغان بولاتتى. ئەگەر راستىنلار
ئازراق دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولسا ئىدى، ئۆلىمالار خۇدانى يوق دېيىشكە،
توڭگۈز گۆشى يېيىشكە مەجبولارنمىغان، مەسجىدلەر توڭگۈز ئىغىلىغا
ئايلاندۇرۇلمىغان بولاتتى.
ئەگەر جۇڭگودا قانۇن ھەقىقەتەن قانۇن بولسا ئىدى، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ
ئۆرپ – ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش قانۇندا بەلگىلەنگىنىدەك، مىللىي، مەدەنىي
مىراسلىرىمىز ۋەيران بولمىغان، بولۇپمۇ تۇرغۇن ئالماسنىڭ كىتابلىرى
كۆيدۈرۈلۈپ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كىتابىنى ئوقۇغانلار تۈرمىلەرگە
تاشلىنىپ، فېڭ جياشىڭ، لىن گەن، سۇبىيخە، ۋاڭ جىلەي، ليۇ زىشاۋ، چيەن
بوچۈەن، خې فۇلىن، ۋاڭ بىڭخۋا، خۇا تاۋ، ۋېي لياڭتاۋ، ۋاڭ شېڭمىن، دۇەن
ليەنچىن، چىن گو گۇاڭ، ليۇ شىگەن، گاۋزىخۇ، بۇرھان شەھىدى، سەيپىدىن
ئەزىزلەرنىڭ كىتابلىرى كەڭ تارقىتىلمىغان بولاتتى. قىزىل راۋاقتىكى چۈشنىڭ
ئورنىغا تارىخى رەشىدى نەشىر قىلىناتتى. ئابدۇلئەزىز چىڭگىزغان، مۇھەممەد
ئەمىن بۇغرا، ئىيسا ئەپەندى، ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ ئەسەرلىرى ئاشكارا
تارقىتىلاتتى.
ئەگەر قانۇندا بەلگىلەنگەندەك ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە
ھۆرمەت قىلىنسا ئىدى، پەقەت ئۇيغۇر خەلقىلا ئەمەس، چەتئەللىك يازغۇچىلاردىن
ئەنگىلىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى كىرىستىيان تەيلېر: «يەرلىك ئۇيغۇلار بىلەن
كۆچمەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادى پەرقنىڭ ناھايىتى چوڭلىقى دىققىتىمنى
تارتتى، مەن خىتايلارنىڭ بۇ جايدا قاتتىق مۇستەملىكە سىياسىتى
يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىگە ھېچقانداق ھۆرمەت
قىلمايدىغانلىقىنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆردۈم. يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلار
بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تەڭسىزلىك مېنىڭ شىنجاڭغا قايتا
بېرىشىمغا ۋە بىر كىتاب يېزىشىمغا سەۋەب بولدى» دېمەس ئىدى .
«ھەر
بىر پۇقرانىڭ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ
بىرلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار» دېگەن سۆز راست بولىدىغان بولسا، نېمە
ئۈچۈن ۋەتەننى سۆيگەنلەر، دۆلىتىنى قوغدىماقچى بولغانلار ئەڭ ۋەھشى
ئۇسۇللار بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ، نېمە ئۈچۈن ۋەتەننى سۆيگەنلەر ئۆز ۋەتىنىگە
بارالمايدۇ. مىللەتلەر باراۋەرلىكى بولمىسا قانداق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى
بولىدۇ؟ تاجاۋۇزچى مىللەتلەر بىلەن مەھكۇم مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق بولۇپ
ياشىشى مۇمكىن بولامدۇ؟ دېمەك، ھەممىسى يالغان ۋە مۇسۇلمانلارنى ئالداش ۋە
بىخۇتلاشتۇرۇشتىنلا ئىبارەت. ئۇيغۇرلار قايسى ۋەتەننى قىزغىن سۆيىشى لازىم،
خەنزۇلارچۇ؟ ياكى ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىنى ھەقىقى سۆيۈپ، باشقىلارنىڭ
تاجاۋۇز قىلىشىدىن قوغداپ قالالمىغانلىقى ئۈچۈنلا دۇنيدا ھېچقاندا مىللەت
كۆرۈپ باقمىغان زۇلۇم، قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتامدۇ...؟ ۋەتەننى قىزغىن
سۆيگەن بارىن ئىنقىلابچىلىرى، غۇلجا ئىنقىلابچىلىرىنىڭ تەقدىرى قانداق
بولدى؟ ۋەتەننى قىزغىن سۆگەن ئابدۇل ئەزىز چىڭگىزخان، ئابدۇلئەزىزى مەخسۇم،
ئابدۇلھەمىد داموللام، پەتھىددىن مەخسۇم، خەدىچە خېنىم ... ئىدرىسخان،
ئابدۇلخېلىلەرنىڭ تەقدىرىچۇ؟
كىتابتا «جىھاد» سۆزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى تاجۋۇزچى مىللەتلەر
بىلەن كۈرەش قىلىپ قوغداپ، باشقىلارغا، ئاجىز مىللەتلەرگە تاجاۋۇز قىلماي،
مۇستەقىل خاتىرجەم ياشاش مەنىسىدە ئەمەس، مەھكۇم مىللەتلەر تاجاۋۇزچى
مىللەتلەرگە مۇتلەق بويسۇنۇش مەنىسىدە ئىزاھلانغان. شۇنىڭدەك، «مىللەتلەر
ئىتتىپاقلىقى» كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغان بولسىمۇ، مىللەتلەر باراۋەرلىكى
مەسىلىسى مۇتلەق تىلغا ئېلىنمىغان. «تىنچىلىق»، «ئىتتىپاقلىق» دېگەن سۆزلەر
ھە دەپ بازارغا سېلىنغان بولسىمۇ، ھەق – ھوقۇق باراۋەرلىكى سۆزلەنمىگەن.
قىسقىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ كىتابنى بېسىپ تارقىتىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا
دىنى تەلىم – تەربىيە بېرىشنى كۆزلىمەستىن، پەقەتلا دىننى ئالەت قىلىپ،
مۇسۇلمانلارنى بىخۇتلاشتۇرۇپ، ئۆز مۇستەملىكىسىنى كۈچەيتىشنى ئاساسى مەقسەت
قىلغان. كىتاب دىنى مەقسەتتە ئەمەس، سىياسىي مەقسەتتە يېزىلغىنى ئۈچۈن
مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئوقۇشلىقى بولالمادۇ ۋە بولماسلىقى كېرەك. ئەسلى
مەقسىتىمىز كىتابنى ئىلمىي جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ بىقىش بولسىمۇ، كىتاب
دىنىي مەقسەتتە ئەمەس، پەقەتلا سىياسىي مەقسەتتە يېزىلغىنى ئۈچۈن قەلىمىمىز
ئىختىيارسىز سىياسىي تەرەپكە كېتىپ قالدى.
ئۇنىڭدىن باشقا 2000 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «قۇرئان
كەرىمدىكى پەلسەپىۋى ئىدىيىلەر»، يەنە 2003 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
تەرىپىدىن «ھەدىسلەردىن ئۈنچە – مارجانلار» ناملىق كىتابلار نەشىرقىلىنغان.
«ھەدىسلەردىن ئۈنچە – مارجانلار» دېگەن كىتاب مىسىرلىق ھەدىسشۇناس ئالىم
مۇھەممەد فۇئاد ئابدۇلباقى دېگەن كىشىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا ھەممە بىردەك
ئېتىراپ قىلغان ئەڭ ئىشەنچىلىك ھەدىس كىتابلىرىدىن سەھىھۇل بۇخارى بىلەن
سەھىھى مۇسلىمدىن تاللاپ ئالغان ۋە ئىسلام ئالەمىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلۇپ ۋە
مۇراجىئەت قىلىنىپ كەلگەن، قىسقىسى ئەڭ كۆپ تارقالغان ھەدىس كىتابلىرىدىن
بىرى بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىشى
ھەقىقەتەن كاتتا ئىش بولغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر كىتابنى تەرجىمە
قىلىپ چىققان يولداش ئابدۇللاھ جان كىرەمنى تەبرىكلەيمەن. ئابدۇللاھ جان
كىرەم يىقىنقى يىللاردىن بۇيان «ھازىرقى زاماندىكى ئىسلامىزم»،
«خەلقئارادىكى ئىسلام دولقۇنى»، «ئىسلام دىنىدىن سوئال – جاۋابلار»، «تاڭ
سۇلالىسى بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش» قاتارلىق بىر يۈرۈش
كىتابلارنى ئارقا – ئارقىدىن سۈپەتلىك ۋە سەۋىيىلىك تەرجىمە قىلىپ نەشىر
قىلدۇرغان يېتىشكەن تەرجىمان بولۇپ، «ھەدىسلەردىن ئۈنچە – مارجانلار» دېگەن
كىتابنىمۇ ئۇيغۇر تىل قائىدىسىگە مۇۋاپىق تەرجىمە قىلغان ياخشى يولداشتۇر.
تەرجىمە قىلىنماقچى بولغان ھەرقانداق بىر ئەسەر تەرجىماندىن تەرجىمە
قىلماقچى بولغان ئەسەر تىلى بىلەن ئۆز ئانا تىلىنى پۇختا بىلىشنى تەلەپ
قىلىدىغانلىقى ئەقەللى قائىدە. بۇ ھەقتىمۇ تەرجىماننىڭ شەرتى تۇلۇق توشىدۇ.
ئەمما مەزكۇر كىتاب باشقا كىتابلارغا ئوخشىمايدىغان، يەنە كېلىپ ئۇ ئىلاھىي
قانۇنلارنى بايان قىلىدىغان پەيغەمبەر سۆزلىرى بولغاچقا، ئۇنداق
كىتابلارنى تەرجىمە قىلماقچى بولغانلار يۇقىرىقى شەرتلەرنى تولۇقلىغاننىڭ
سىرتىدا، ئەرەب تىلىنى ۋە ئەينى زاماندىكى ئەرەب جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي،
ئىقتىسادى، سىياسىي ئەھۋالىنى، دىنىي ھۆكۈم ۋە ئاتالغۇلارنى پىششىق بىلىشنى
تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىم ۋە باشقا كىتابلارنى تەرجىمە قىلغان
مۇھەممەد سالىھ داموللام بۇ ۋەزىپىنى تولۇق ئادا قىلالىغان بولسىمۇ،
ئابدۇللاھ جان كىرەم ئەرەب تىلىنى بىلمىگەچكە بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىشتا
نۇرغۇن خاتالىقلارغا يول قويغان. مەسىلەن، موللامنىڭ بىسمىللىسىدىن مەلۇم
دېگەندەك ھەدىسلەرنىڭ تەرجىمىسىدىلا ئەمەس، ھەتتاكى كىرىش سۆز قىسمىنىڭ
بىسمىللىسىدىلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سۈپەتلىمەكچى بولۇپ، «ئىنسانىيەت
تارىخىدىكى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، سىياسىيون، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچى»
دېگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇتەپەككۇر ئەمەس، ئۇ ئاللاھنىڭ كالامىنى
مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزگۈچى ئەلچى، سىياسىيون ئەمەس، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنى
ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەر، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچى ئەمەس، ئىلاھىي
قانۇنلارنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈپ، ئىنسانىيەتنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە
يېتەكلەيدىغان ئۇممى پەيغەمبەر ئىدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سۈپەتلىمەكچى بولغاندا، سىياسىيون، مۇتەپەككۇر،
ئىسلاھاتچى، ياكى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان ئەدەبىياتچى ئابدۇلئەھەد
ئابدۇررەشىد بەرقىغا ئوخشاش، «ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى يۈز مەشھۇر كىشىنىڭ
بىرىنچىسى» دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىمەستىن، پەقەتلا مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالام، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ سۈپەتلىشىمىز
لازىم، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە شۇنداق دەپ تەلىم بەرگەن.
مەزكۇر كىتابتا ھەدىسلەرنىڭ تەرجىمىسىدىكى خاتالىقلارنى بۇيەدە بىرمۇ بىر
كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن بولمىغاچ بىر مىسال كۆرسىتىپلا ئۆتىمەن. ئالايلۇق،
مەزكۇر كىتابنىڭ 253 - بەت، 643 – ھەدىستىكى «ئەلھەربو خىدئەتۇن» يەنى
«ئۇرۇش بىرخىل تاكتىكا، رەڭ ياكى ھىلىدۇر» دېگەن سۆزنى خاتا ھالدا «ئۇرۇش
بىرخىل يالغانچىلىقنىڭ بەلگىسى بولىدۇ» دەپ، تەرجىمە قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن
بۇ كىتابنى ئوقۇغاندا دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ نەقىل كەلتۈرمەكچى بولغاندا
چوقۇم ئەسلى نۇسخىسىغا سېلىشتۇرۇپ ئاندىن نەقىل كەلتۈرۈش لازىم. بۇ كىتاب
نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن ۋەتەندە بەزى ئىماملار تەرىپىدىن
مەسجىدلەردىمۇ تەنقىد قىلىنغان.
ماركىسىزم بىلەن ئىسلام دىنى مۇتلەق ماس كەلمەيدۇ. ماركىسىزم خۇدانى يوق
دىيىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھېچقانداق ئىدېئولوگىيىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.
ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى ئىمانغا، گۈزەل ئەخلاققا، ھالال ياشاشقا، بىر –
بىرىگە زۇلۇم قىلماسلىققا دالالەت قىلىدۇ. «قۇرئان كەرىمدىكى پەلسەپىۋى
ئىدىيىلەر» دېگەن كىتابتا بولسا، كىتابنىڭ ئاپتورلىرى كىتابنى يېزىشتا
ماركىس، ئېنگېلىسنىڭ كىتابلىرىغا مۇراجىئەت قىلغان بولۇپ، ماركىس ئېنگېلىس
ئەسەرلىرى ماركىسىزم پەلسەپىسى ئۈچۈن مۇراجىئەت مەنبىئى بولسىمۇ، ئىسلام
دىنى ۋە ئىسلام پەلسەپىسىنى ئىزاھلاشتا ھەرگىز مەنبە بولمايدۇ ۋە مەنبە
قىلماسلىق كېرەك. بۇ كىتابنى بىردىنبىر ۋاراقلاپ، ھەممە خاتالىقلارنى بىرمۇ
بىر تىزىپ ئولتۇرماي بىر قانچە مىسال كۆرسىتىپ ئۆتىمەن. مەسىلەن، مەزكۇر
كىتابنىڭ 129 – بېتىدە «ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى – ئا) ئاخىر
ئۆزىنىڭ تىرىشىپ ئىزدىنىشى ۋە جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشى ئارقىسىدا ئىسلام
دىنىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ۋە مەنىۋى داھىسىغا ئايلانغان» دېيىلگەن. مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇش ئۈچۈن ھېچقاچان ئۆزى تىرىشقان ئەمەس، ئۇنى
ئاللاھ تائالا ئۆزى تاللاپ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ھەق پەيغەمبەردۇر.
مەزكۇر كىتابنىڭ 107 – بېتىدە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمان كەلتۈرۈشى شەرت
بولغان ئۇ دۇنيانى(ئاخىرەتنى) «خىيالى دۇنيا» دەپ يازسا، 72 – بەتتە
«ئىسلام دىنىنىڭ ئاللاھسى» دەپ يازغان. ئاللاھ ئىسلام دىنىنىڭ ئاللاھى
بولۇپلا قالماستىن، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھى بولغىنىدەك، پۈتۈن
ئىنسانىيەتنىڭ جۈملىدىن جانلىق – جانسىز پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ ھەمدە ئەزەلدىن
ئاللاھنى ئېتىراپ قىلىپ باقمىغان دارۋىن، ماركىس، ئېنگېلىس، لېنىن، ستالىن،
ماۋزىدۇڭ، دىڭشىياۋپىڭ، بۇرھان شەھىدى، سەيپىدىن ئەزىزلەرنىڭمۇ ئاللاھىدۇر.
بۇ
كىتاب ئەڭ زەھەرلىك كىتاب بولۇپ، ھەر بىر بېتىنى ۋاراقلىغىنىمىزدا، «ئىسلام
دىنى شەرقلىقلەرگە، ئەرەبلەرگە، كۆچمەن مىللەتلەرگە مۇۋاپىق كېلەتتى»،
دېگەندەك چاكىنا گەپلەر، ئاللاھنىڭ شەنىگە لايىق بولمىغان «كەڭ قورساق
ئاللاھ»، «مەشھۇر بىر ئايەت» (قۇرئات كەرىم ئايەتلىرىنىڭ ھەممىسى مەشھۇر)،
«قۇرئان كەرىم ئەڭ ئاددى كىشىلەرگە يېتەكچىلىك قىلماقتا» دېگەندەك
ئاللاھنىڭ سۈپىتىگە، قۇرئان كەرىمنىڭ شەنىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان بىھۇدە
گەپلەر ئۇچراپلا تۇرىدۇ.
يۇقىرىقى كىتابلاردىن باشقا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئارقا – ئارقىدىن نەشىر
قىلىپ تارقاتقان «خەلقئارادىكى ئىسلام دولقۇنى»، «ھازىرقى زاماندىكى
ئىسلامىزم»، «بۈگۈنكى زاماندىكى ئەرەب – ئىسلام پەلسەپىسى» قاتارلىق
كىتابلاردىمۇ خەلقئارادىكى ئىسلام ھەرىكەتلىرى تېررورىزمنىڭ باشلىرى ۋە
ئۇنىڭ ئاساسلىرى دەپ تەسۋىرلىنىپ، خەلقئارا مۇسۇلمان جامائەتچىلىكى
ئەيىبلەنگەن ۋە ئۇلارغا تۆھمەت قىلىنغان. |