English

Türkçe

 

عربي

ئۇيغۇرچە

 

 

موللا مۇسا سايرامى

 

 

تارىخىي ئەمىنىيە

 

 

نەشرگە تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد زۇنۇن

 

 

 

 

 

 

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

 

 

 

مۇندەرىجە

 

 

سۆز بېشى

 

مۇقەددىمە

 

1. موغۇلىستان (يەتتە شەھەر) نىڭ ئەھۋالى ۋە بۇ جايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر؛ بۇ يۇرتقا كىملەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقى ۋە «موغۇلىيە» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى؛ بۇ يەردە ئۆتكەن مۇسۇلمان خانلىرىنىڭ نەسەبلىرى؛ خاقانى چىننىڭ موغۇلىستان خەلقىنى بويسۇندۇرغانلىقى

2. جاھانگىر خوجىنىڭ يەتتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزگەنلىكى؛ مۇھەممەد ئەلىخان كېلىپ قەشقەرنى ئالغانلىقى؛ نۇرغۇن خىتاي چېرىكلىرى كېلىپ يەتتە شەھەرنى يەنە تارتىۋېلىپ، جاھانگىر خوجا باشلىق بىر مۇنچە مۇسۇلمانلارنى ئەسىر قىلىپ بېيجىڭغا ئېلىپ كەتكەنلىكى؛ مۇھەممەد ئەلىخا ئەلچى ئەۋەتىپ ئەسىرلەرنى خاقانى چىندىن مۇھەممەد ئەلىخان ئەلچى ئەۋەتىپ ئەسىرلەرنى خاقانى چىندىن تىلەپ قايتۇرۇپ كەلگەنلىكى

3. خاقانى چىننىڭ قەدىم زاماندا مۇسۇلمان بولغانلىقى؛ تۇڭگانلارنىڭ خاقانى چىن مەملىكىتىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقى؛ خىتايلار بىلەن تۇڭگانلار ئوتتۇرىسىدا جېدەل-ماجىرا يۈز بېرىپ خاقانى چىن دۆلىتىگە زىيان-زەخمەت يەتكەنلىكى   62

 

بىرىنچى داستان

 

1. ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ رەھىم-شەپقىتى بىلەن ئىسلام قۇياشى كوچا شەھىرىنىڭ ئۈستىدە نۇر چاچقانلىقى؛ راشىدىن خوجىنىڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ غەرب ۋە شەرق تەرەپلەرگە لەشكەر ماڭدۇرغانلىقى ۋە شۇ ئارىدا بولغان ۋەقەلەر

راشىددىن خوجىنىڭ نەسەبى

2. سەيىد خېتىپ خوجام (بۇرھانىددىن خوجا) كۆز نۇرى مەھمۇدىن خوجا بىلەن ئاقسۇ شەھىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يۈرۈش قىلىپ، مەقسىتىگە يېتەلمەي ئارقىسىغا يانغانلىقى ۋە نۇرغۇن مۇسۇلمانلار قۇربان بولۇپ شېھىتلىق شارابىنى ئىچكەنلىكى

3. ئىككىنچى قېتىمدا جامالىددىن خوجىنىڭ ئاقسۇغا ئاتلانغانلىقى ۋە ئاقسۇنى پەتھى قىلىپ مەقسىتى ھاسىل بولغانلىقى   

4. بۇرھانىددىن خوجا ۋە ئوغلى ھامىددىن خوجىلارنىڭ ئۈچتۇرپان شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقى ۋە غالىبىيەت شامىلى يار بولۇپ مەقسەت گۈلى ئېچىلغانلىقى

5. بۇرھانىددىن خوجامنىڭ ئوغلى ھامىددىن خوجا بىلەن قەشقەرنى پەتھى قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغانلىقى؛ ساددىلىقتىن سىدىقبەگ قىپچاقنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقى ۋە كېيىن قۇتۇلۇپ ئۆز ئورنىغا قايتىپ كەلگەنلىكى      

6. بۇرھانىددىن خوجا، ئوغلى ھامىددىن خوجا ۋە سەيىد شەيخ نەزرىددىن خوجىلارنىڭ يەكەننى پەتھى قىلىش غازىتىغا ئاتلانغانلىقى؛ غەلىبە گۈلى جامالىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، زامان ھادىسىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىدىن بىر گۈل ئۈزەلمەي ئۆز جايىغا قايتقانلىقى

7. سەيىد جامالىددىن خوجامنىڭ يەكەن بىلەن قەشقەرنى قولغا كىرگۈزۈش ھەۋىسى، يەنى بىر ئوق بىلەن ئىككى كىيىكنى ئوۋلاش نىيىتى بىلەن يۈرۈش قىلغانلىقى؛ بىرىنى قولغا كىرگۈزۈپ يەنە بىرىگە قەدەم قويۇشى بىلەن ھەر ئىككىلىسىلا قولدىن چىقىپ كېتىپ، باشقا بىر چەۋەنداز ئوۋچىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى؛ نەتىجىدە مەيۇس بولۇپ ئۆز جايلىرىغا قايتىپ كەتكەنلىكى

8. بۇرھانىددىن خوجامنىڭ ۋۇجۇد بېغىنىڭ غۇنچە نەۋباھارى، كۆڭۈل سەدىپىنىڭ دۇررى مارجانى يەنى مەھمۇدىن خوجام پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەھۋالى؛ مەن كەمىنەنىڭ سەرگۈزەشتلىرى؛ غەيرىي سۈلۈكتىكى گۇرۇھلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادى

9. خوتەن بىلەن ئىلىغا ئەۋەتىلگەن ئەلچى، مەكتۇپلار ۋە ئۇ تەرەپتىن كەلگەن ئەلچىلەرنىڭ ۋەقەلىرى        

10. ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئىسھاق خوجىنىڭ شەرق تەرەپكە قاراپ يولغا چىقىپ، ئۇششاقتالدا نۇرغۇن خىتاي چېرىكلىرىنى يوقاتقانلىقى ۋە قاراشەھەرنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقى   

11. تەڭرىنىڭ ئىنايىتى بىلەن سىيىت ئىسھاق خوجام تۇرپان غازىتىغا يۈرۈش قىلىپ، تۇرپاننى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن يەنە بىر نەچچە شەھەرلەرنى پەتھى قىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن قارا خىتاي ئەھلىنىڭ نابۇت بولغانلىقى

12. خوجا ئىسھاق خوجامنىڭ ئىككىنچى قېتىم مورىغا لەشكەر ماڭدۇرغانلىقى ۋە مەقسىتىگە يېتەلمەي قايتىپ كەلگەنلىكى؛ قۇمۇلدىن ئېسىل ھەدىيىلەرنىڭ كەلگەنلىكى ھەم لۈكچۈننىڭ يەنە بىر قېتىم پەتھى بولغانلىقى    

13. سىيىت ئىسھاق خوجىنىڭ قۇمۇلغا يۈرۈش قىلىش قارارىغا كېلىپ، بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققانلىقى؛ چىڭۋاڭ خاننىڭ ئىسھاق خوجامنىڭ ئىستىقبالىغا چىققانلىقى؛ قۇمۇلنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقى ۋە ناتوغرا يارلىق كېلىپ قالغانلىقى

14. گۈزەل ئەخلاق، ياخشى پەزىلەتلىك ئىسھاق خوجامنىڭ يەكەن، قەشقەر غازىتىغا بېرىشنى قارار قىلغانلىقى ۋە ياقۇپبەگ قوشبېگىلى بىلەن ئەپلىشىپ قالغانلىقى     

15. كۇچالىق خوجىلارنىڭ ئارىسىدا قارىمۇقارشىلىق يۈز بەرگەنلىكى؛ مۇشۇنداق بەخت-ئامەتكە شۈكرى قىلمىغانلىقتىن ئۇلارنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرگە قالغانلىقى ۋە ئاتىلىق غازىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى

 

ئىككىنچى داستان

 

1. ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ موغۇلىستان مەملىكىتى ۋە يەتتە شەھەر ئەھلىنى ئېستېلا قىلغانلىقى ۋە بۇزرۇكخان تۆرەمنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغانلىقى

2. جانابىي بۇزرۇكخان تۆرەمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كۇچالىق خوجاملارنى بويسۇندۇرغانلىقى؛ پەرغانە ۋىلايىتىدىن چوڭلارنىڭ قېچىپ كەلگەنلىكى؛ ياقۇپبەگ قوشبېگىنىڭ ئەھۋالى ۋە قىپچاقلارنىڭ ۋەقەلىرى

3. جانابىي ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە چىققانلىقى؛ قارشىلاشقۇچىلارنى يوقاتقانلىقى؛ لەشكەر باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ۋە يەكەن، مارالبېشىلارنى قولغا كىرگۈزگەنلىكى

4. جانابىي ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ خوتەننى بېسىۋېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللانغانلىقى؛ ھەبىبۇللاھ ھاجى پادىشاھنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى ۋە غەلىبە قۇشى خوتەن زېمىنىدا يۈز كۆرسەتكەنلىكى     

5. ھاجى پادىشاھنىڭ ئەھۋالى بىر نەچچە ۋەقەلەر

6. جانابىي بەدۆلەت ئاتىلىق غازى ئاقسۇ ۋە كۇچانى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئات چاپتۇرغانلىقى؛ بىر زەربە بىلەن نەچچە شەھەرنى پەتھى قىلغانلىقى؛ مۇراد باغچىلىرىدىن غۇنچىلارنى ئۈزۈپ، ئۆز قارارگاھلىرىغا قايتقانلىقى ۋە باشقا بىر مۇنچە ۋەقەلەر يۈز بەرگەنلىكى

7. ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ يەتتە شەھەر ۋە موغۇلىستاننى ئۆزىگە بويسۇندۇرغانلىقى؛ رۇم خەلىپىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ يارلىققا ئېرىشكەنلىكى ۋە باشقا ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى 

8. ئۈرۈمچى تۇڭگانلىرىنىڭ كورلا ۋە كوچا خەلقىنى بىسەرەمجان قىلغانلىقى؛ ئاتىلىق غازى غالىب قوشۇنلىرى بىلەن تۇڭگانلارنى يوقىتىش غەرىزىدە شەرققە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقى ۋە مۇراد بېغىدىن مەقسەت گۈل-غۇنچىلىرىنى ئۈزۈپ تەختى ئالىيلىرىغا قايتقانلىقى     

9. بەدۆلەت ئاتىلىق غازى ئۈرۈمچى تەرەپكە ئاتلىنىپ، ئۈرۈمچىنى پەتھى قىلغانلىقى ۋە نەنسەندىكى خىتاي شى شىكۇڭنىڭ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلىقى؛ ئۇرۇش-جېدەللەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە ئاخىر غەلىبە بىلەن ئۆز پايتەختىگە قايتىپ كەلگەنلىكى

10. جانابىي ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ پەرمانى بىلەن ھېكىمخان تۆرەم ئۈرۈمچى تۇڭگانلىرىنىڭ ئۈستىگە لەشكەر تارتقانلىقى ۋە ياقۇپبەگ ئۆز پەرزەنتى بېكقۇلىبەگنى ياردەم ئۈچۈن ئارقىسىدىن ئەۋەتكەنلىكى؛ ھېكىمخان تۆرەم مەقسەت گۈلىنى قولىغا كەلتۈرۈپ قايتىپ، كېلىپ بارگاھىنى تاۋاپ قىلغانلىقى

11. بەدۆلەت ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ ئىككىنچى قېتىم تۇرپانغا يۈرۈش قىلغانلىقى ۋە دۆلىتى ئالىيلىرىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقى؛ بەلكى دۆلەت قۇياشىنىڭ غەربكە قاراپ پەسلىگەنلىكى

12. يەتتە شەھەرنىڭ پادىشاھى، دىننىڭ ھىمايىچىسى ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ ياخشى ئەخلاقلىرى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىگە، يامان سۈپەتلىرى دۆلەتنىڭ بەخىتسىزلىكىگە سەۋەب بولغانلىقى

13. يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمىرلەر ۋە ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ھەل قىلالايدىغان لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى بىلەن سىيىت ھېكىمخان تۆرەمنى پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزغانلىقى؛ لېكىن پەلەك يار بەرمىگەنلىكتىن ئۇلار «ۋەتەن سۆيۈش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن» دېگەن ھەدىسنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەنلىكى        

14. جانابىي بېكقۇلىبەگ ئىبنى مۇھەممەد ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى؛ ئاقسۇ بىلەن خوتەننى بېسىۋالغانلىقى ۋە دۆلىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى

15. قارايۈز نىياز ھېكىمبەگنىڭ ۋەقەلىرى، قىلمىش-ئەتمىشلىرى ۋە ئاقىۋەت پۈتۈنلەي تۈگەشكەنلىكى     

16. ئالىي مەرتىۋىلىك جانابىي ئاتىلىق غازىنىڭ دەۋرىدىكى مۇشتەرى تەلئەت دىيانەتلىك ئۆلىمالار، مۇكەممەل تەربىيە كۆرگەن كاتىب-مىرزىلار ۋە سۆلەتلىك لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ ئەھۋالاتى

17. ئۇشبۇ كىتابنى يازغۇچىنىڭ ئىسىم نەسەبلىرى ۋە سەرگۈزەشتلىرى       

18. خاقانى چىن مەنسەپدارلىرىنىڭ بۇ يەتتە شەھەر زېمىنىنى ئىككىنچى قېتىم بويسۇندۇرغانلىقى؛ ئۆز مۈلكى-مىراسلىرىغا يەنە بىر قېتىم ئىگە بولغانلىقى 

 

خاتىمە

 

1. بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ئەھۋالى؛ ئادەملىرىنىڭ خۇي-پەيلى؛ مازار-ماشايىخلىرى ۋە موغۇلىستاننىڭ چېگرىلىرى

2. قەشقەر    

3. يەكەن     

4. خوتەن     

5. ئاقسۇ      

6. ئۈچتۇرپان         

7. كوچا       

8. كونا تۇرپان        

 

 

 

 

موللا مۇسا سايرامى ۋە ئۇنىڭ «تارىخىي ئەمىنىيە»سى

 

 

موللا مۇسا سايرامى (موللا مۇسا ئىبنى موللا ئىيسا خوجا سايرامى) 1836- يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى باي ناھىيىسىگە تەۋە سايرام رايونىنىڭ ئانىقىز يېزىسى توغايلا مەھەللىسىدە بىر دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

موللا مۇسا سايرامى 1847- يىلى 9- ئايدا، دادىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن كۇچادىكى ساقساق مەدرىسىدە ئوقۇيدۇ. ئۇ يەردە ئۇيغۇر ئالىمى موللا ئوسمان ئاخۇننىڭ تەربىيىسىدە ئەدەبىيات، تارىخ، كالېندارچىلىق، ئاسترونومىيە، گرامماتىكا، ماتېماتىكا ۋە ئىسلامىيەت پەنلىرىنى ئوقۇيدۇ. ئەرەب، پارس، ئوردۇ تىللىرىنى ئۆگىنىپ، ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا زور ئۇتۇق قازىنىدۇ. 1854- يىلى، موللا مۇسا سايرامى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، بايغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە سايرام مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلىدۇ.

موللا مۇسا سايرامى XIX- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ بىر قاتار ئىلمىي ئىجادىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر مۇنچە ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇ يازغان ئەسەرلەر ئىچىدە «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا» (ئەۋلىيالار تەزكىرىسى)، «دەر بەيان ئەسھەبۇلكەھف» (ئەسھابۇلكەھف ھەققىدە بايان)، «تارىخىي ئەمىنىيە»، «تارىخىي ھەمىدىيە»، «قەسىدەئىي سىدىق»، «غەزەلىيات»، «سالامنامە» قاتارلىق تارىخ، ئەدەبىياتقا ئائىت ئەسەرلەر بار.

«تارىخىي ئەمىنىيە» 1903- يىلى يېزىلغان، 1904- يىلى، رۇسىيىنىڭ قازان شەھىرىدىكى «مەدرىسەئىي ئۇلۇم» مەتبەئەسىدە بېسىلغان. قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ئاشۇ نۇسخىغا ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئۆزگەرتىلىپ نەشر قىلىندى. بۇ كىتاب «سۆز بېشى»، «مۇقەددىمە»، «داستان» ۋە «خاتىمە» دېگەن قىسىملارغا بۆلۈنگەن. ئەسەرنىڭ «تارىخىي ئەمىنىيە» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەبنى ئاپتور: «بۇ كىتابنى يېزىشقا كىرىشكەن ۋاقتىمدا بۇ يۇرتلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت، پاراكەندىچىلىك تۈگەپ، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك قارار تاپقانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ كىتابنى تارىخىي ئەمىنىيە دەپ ئاتىدىم» دەپ ئىزاھلايدۇ.

«مۇقەددىمە» ئۈچ بابتىن تۈزۈلگەن. ئاپتور بۇ بابلاردا كىتابخانىلارنى يەتتە شەھەر (جەنۇبىي شىنجاڭ) ھەققىدىكى مول تارىخىي ۋەقەلەردىن خەۋەردار قىلىدۇ. ئاپتور ئۆزى ئىگىلىگەن مول جۇغراپىيىۋى، تارىخىي بىلىملەر بىلەن چىڭگىز ئىستېلاسىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىنجاڭنىڭ تارىخى ھەققىدە، تۇغلۇق تېمۇرخان ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاشقان ئەۋلادلىرىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تارىخى ھەققىدە؛ كېيىنكى چاغلاردا سىياسىي مەقسەتنى كۇلاھ، جەندە بىلەن يوشۇرۇپ، بۇ تەرەپلەرگە ئۆتكەن نەمەنگانلىق خوجىلارنىڭ سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇش يولىدىكى سۇيىقەستلىك ھەرىكەتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغانلىقى توغرىسىدا، ھىدايىتۇللاھ ئىشان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن يېغىلىقلار، ئىشان-سوپىلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى جاھالەتتە قالدۇرۇش يولىدا ئېلىپ بارغان ئىستېلاچىلىق ئۇرۇشلىرى، مانجۇ ئىستىبداتىغا قارشى قوزغالغان، رەھمىتۇللاھ بەگ، ئىسمىتۇللاھ بەگ باشچىلىقىدىكى ئۈچتۇرپان «جىگدە يېغىلىقى» قاتارلىقلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدۇ.

«داستان» قىسمى بىرىنچى داستان، ئىككىنچى داستان دەپ ئىككى چوڭ قىسىمغا بۆلۈنگەن. بىرىنچى داستاندا ئۇلۇغ تەيپىڭ-تىيەنگو دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە، 1884- يىلى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مانجۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى پارتلىغان خەلق قوزغىلاڭلىرى بىر-بىرلەپ بايان قىلىنغان؛ ئىككىنچى داستاندا، ئاپتور مەخسۇس ياقۇپبەگ ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ يەتتە شەھەردە قىلغان-ئەتكەنلىرى ۋە ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

«خاتىمە» قىسمىدا ئاپتور يەتتە شەھەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالىدىن ئومۇميۈزلۈك مەلۇمات بېرىدۇ.

«تارىخى ئەمىنىيە»دە، ئاپتور شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقەلەرنى ئۆز رېتى بويىچە يېزىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقەلەر ئۈستىدىكى مۇھاكىمىسى، مۇلاھىزىسى ۋە كۆزقاراشلىرىنى يىغىنچاقلاپ كىتابخانىلارغا تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. «تارىخىي ئەمىنىيە»دە بايان قىلىنغان ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتلىرى، بولۇپمۇ 1864- يىلىدىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتلىرى ئاپتورنىڭ بىۋاسىتە كۆزەتكەن ۋە ئاڭلاپ تەھقىقلىگەن ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن يېزىلغان بولغاچقا، بۇ ئەسەر شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخنى تەتقىق قىلىشتا، بولۇپمۇ ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتىنى تەتقىق قىلىشتا زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.

ئاپتور «تارىخى ئەمىنىيە» دېگەن كىتابىدا بىزنى مول، بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئاپتورنىڭ تارىخ قارىشىنىڭ چەكلىمىلىكى، مەسىلىلەرنى كۆزىتىشىدىكى ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن بۇ ئەسەردە يەنە بىر مۇنچىلىغان نۇقسانلارمۇ ساقلانغان. مەسىلەن، ئاپتور چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەھشەتلىك مىللىي زۇلۇم سىياسىتىنى پاش قىلىش بىلەن بىللە، ھۆكۈمرانلار سىنىپى بىلەن ئادەتتىكى خەنزۇ خەلقىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن. ئاپتور شىنجاڭنىڭ قەدىمكى تارىخى ۋە دۆلىتىمىزدىكى باشقا مىللەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندە، بىر قىسىم رىۋايەتلەرنى ئاساس قىلغان. ئاپتور جايلاردا قوزغالغان خەلق قوزغىلاڭلىرىنى تەكشۈرگەندە بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ تۈپكى سىنىپىي ماھىيىتىنى تولۇق ئېچىپ بېرەلمەي، ئۇنىڭغا قويۇق دىنىي تۈس بەرگەن. بۇ قوزغىلاڭلارنى قانداقتۇر، «مۇسۇلمانلار»نىڭ «كاپىرلار» ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان «غازاتلىرى» دەۋالغان ۋە باشقىلار. ماۋزېدۇڭ: «قەدىمكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەتلەش جەريانىدا، ئۇنىڭ فېئوداللىق شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ، دېموكراتىك جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىش لازىم. بۇ مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، مىللىي ئىشەنچنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىم شەرتى. لېكىن زادىلا تەنقىدسىز يىغىۋېلىپ ساقلىماسلىق كېرەك» دەپ كۆرسەتكەنىدى. كىتابخانلار بۇ كىتابنى ئوقۇغاندا چوقۇم بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

 

 

 

 

 

سۆز بېشى

 

 

بسم الله الرحمن الرحيم

 

سان-ساناقسىز ماختاشلار ئۆز-ئۆزىدىن بار بولغان ئۇلۇغ تەڭرىمگە خاس، ئۇ كىشىلەر چۈشىنەلمەيدىغان بارلىق شەيئىلەرنى ئۆز ھېكمىتى بىلەن يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈردى. پۈتۈن ئالەمنىڭ پادىشاھى بولغان تەڭرىمگە چەكسىز ئالقىشلار ياغدۇرىمەن. ئۇ ئۆز قۇدرىتى بىلەن پادىشاھلىقنىڭ تاجىنى خالىسا بىراۋغا بەردى. خالىسا بىراۋدىن ئالدى، پۈتۈن ئىنسانلارنى ئىدارە قىلىشنى ئىقتىدارلىق پادىشاھلارنىڭ تەدبىرى ۋە سىياسىتىگە باغلىدى.

 

رۇبائىي

 

زاتىكى سۇفاتى ئانىڭ قۇلھۇۋەللاھۇ ئەھەد،

ھەييىكى بىلاتەئامدۇر ئاللاھۇسسەمەد.

فەردىكى ئاڭا يوق ۋالىد نە ۋەلەد،

ۋە تىرىكتۇر لەميەكۇن لەھۇ كۇفۇۋەن ئەھەد.

 

نەزم

 

شاھى ئەرەبى قىبلەئى ھاجات،

ئايىنە زات ئولدى مىرئاتى سۇفات.

كىم پەيرەۋ ئەتسە ئاڭا ئەللۇدەرەجات،

لا زال ئەلەيھى زەكىيات سالاۋات.

 

پەيغەمبىرىمىزگە ھەممىدىن بۇرۇن دوست بولغان ھەزرىتى ئابابەكرىگە، ئادالەتنىڭ ئاپتىپى ھەزرىتى ئۇمەرگە؛ سېخىلىق، مۇلايىملىق ھايا ۋە نومۇسنىڭ كانى، «قۇرئان»نى توپلاپ كىتاب قىلىپ چىققۇچى ھەزرىتى ئوسمانغا، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى تەڭرىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان، ھەمىشە غەلىبە قىلىدىغان ھەزرىتى ئەلىگە، بارلىق مۆمىن-مۇسۇلمانلارغا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىلىرى ھەمزە ھەم ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا، ساھابىلەر گە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاياللىرىغا ۋە ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈ، كۆپتىن-كۆپ سالام ۋە رەھمەتلەر ئېيتىمەن.

جاھاندىكى ئەقىل-ئىدراك ئىگىسى بولغان پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ ساغلام نەزەرلىرىگە، دەۋرىمىزدىكى كامالەتكە يەتكەن ئالىملارنىڭ قۇياشتەك نۇر چېچىپ تۇرىدىغان ئادالەتلىك پاراسەتلىرىگە گۇناھ ۋە خاتالىقلىرى ئۈچۈن، ئاجىزلارنىڭ ئاجىزى، ئادەم ئەۋلادىنىڭ كەمتىرى، بەندىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋىنى، كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىدىن تاشقىرى، بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا نام ۋە نىشانسىز ياشاپ كېلىۋاتقان موللا مۇسا ئىبنى موللا ئىيسا سايرامى شۇنى بايان قىلىمەنكى، ئالىم ۋە پازىللارنى دوست تۇتقۇچى، كەمبەغەل ئاجىزلارغا باشپاناھ بولغۇچى، ئادالەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، پۇقرالارنىڭ غېمىنى يېگۈچى مۇھەممەد ئىمىن باي ئاقساقال دادخاھ ئىبنى مۇھەممەد ئالىمباي مەرغۇلانى (دۆلەت ۋە ئىسىم-نەسەبلىرى مەڭگۈ ئۆچمىسۇن) مەندەك كەمىنە ئاجىزغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «سەن گەپ-سۆز ۋە تىل جەھەتتىن نادان، پەم-پاراسەتتە چەكلىك، خاتا ۋە نۇقسانلىرىڭ كۆپ. لېكىن بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكەن پادىشاھ ۋە سۇلتانلارنىڭ ياخشى ئەخلاق، يامان سۈپەتلىرىدىن ئاز-تولا خەۋىرىڭ بار. موغۇلىستان ۋە يەتتە شەھەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى، بولۇپمۇ سەن بىلەن بىز ئەقلىمىزگە كەلگەندىن بېرى كۇچالىق خوجىلارنىڭ بۇ يۇرتلاردا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان غەيرىي دىندىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ غازات قىلغانلىقى، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ قانچىلىك ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقى ۋە قاچان دۆلەت ئاپتىپى ئۆچۈپ مەغلۇپ بولغانلىقى، موغۇلىستانغا يەتتە شەھەرگە مۇھەممەد ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ قاچان ھۆكۈمران بولغانلىقى، ئۇ چاغدا قانداق ئاجايىپ-غايىپ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، قاچان بېيجىڭ چېرىكلىرى كېلىپ يەتتە شەھەر خەلقىنىڭ بېشىدىكى ئىسلام قۇياشى ئۆچۈپ ئۇنىڭ ئورنىغا زۇلمەت بۇلۇتلىرىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكى ۋە باشقا ھادىسە-ۋەقەلەر ئۈستىدە بىرەر كىشىنىڭ تارىخ يېزىپ قالدۇرغانلىقى مەلۇم ئەمەس. شۇڭا، سەن كۇچالىق خوجىلارنىڭ غازاتى ۋە ئاتىلىق غازى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ ئاخىرىغىچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تارىخ كىتاب يېزىپ چىققىن. خوجىلارنىڭ قىلغان جەڭلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتنى ئىدارە قىلىش ئەھۋالى، ياقۇپبەگنىڭ قىلغان غازاتلىرى ۋە ئەسكەرلەرگە قوماندانلىق قىلىش ئۇسۇللىرى، ياقۇپبەگ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مەغلۇبىيىتى ھەققىدىكى ۋەقەلەر خالايىقلارنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمىسۇن، بىزنىڭ نام-نەسەبلىرىمىزمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتمەي مەڭگۈ يادىكار قالسۇن. بۇنى ئوقۇغان ۋە ئاڭلىغانلار غازىلارنىڭ، شېھىتلەرنىڭ شۇنداقلا سېنىڭ ۋە بىزنىڭ ھەققىمىزگە دۇئا قىلسا، كۆپچىلىكنىڭ دۇئالىرى ئىجابەت بولۇپ رەھىم-شەپقەتلىك تەڭرىم گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىۋەتسە ئەجەب ئەمەس. باشقىلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا دالالەت قىلغۇچى، شۇ ئىشنى قىلغۇچىغا ئوخشاش ئەجىرگە ئىگە بولىدۇ دېگەن ھەدىس نىڭ روھى بويىچە، مەنمۇ بۇ خاسىيەتلىك ئىشنىڭ شاراپىتىدىن بەھرىمەن بولسام.»

ئەمما مەن: «مەن كۈندىلىك تۇرمۇش غېمىگە گىرىپتار بولغان، خار-زارلىقتا ئېتىبارسىز ھايات كەچۈرۈۋاتقان ئاجىز بىر كىشى. ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ قىلغان جەڭلىرى، يۇرت سوراپ پۇقرالارنى ئىدارە قىلغان ئەھۋالى، بولۇپمۇ ئاتىلىق غازىدەك ئالەمگە داڭقى كەتكەن، پادىشاھلىق شانۇ-شەۋكىتى بىلەن پەخىرلەنگەن بىر كىشىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى توغرىسىدا كىتاب يېزىشقا، ئېغىز ئېچىشقا، قەلەم يۈرگۈزمەككە ھەددىم يوق ھەم مەندە ئۇنداق جۈرئەت ۋە يۈرەك، قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارمۇ يوق. كۇچالىق خوجىلارنىڭ ئىسلام ئاچقان ۋاقتىدىن ھازىرغىچە 40 يىل ئۆتۈپتۇ. بولغان ۋەقەلەر، يۈز بەرگەن ھادىسىلەر كىشىلەرنىڭ خاتىرىلىرىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. شۇ ۋەقەلەرگە قاتناشقان ياكى ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئۆلۈپ تۈگىدى. خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن پارچە-پۇرات ھېكايە، قىسسىلەرنى توپلاپ، بىر-بىرىگە سېلىشتۇرۇپ، توغرىراقنى تېپىپ چىقماق مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغان ئاسان ئىش ئەمەس» دېدىم ۋە «سېخىي كىشىلەر ئۆزرىنى قوبۇل قىلىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئۆزرە ئېيتتىم. بىر نەچچە جان دوستلىرىم، پېشقەدەم يار-بۇرادەرلىرىم يىغىلىپ: «ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ، مۇھەممەد ئىمىن دادخاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىپ، تەڭرىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جېنىنى پىدا قىلغان شېھىتلەرنىڭ ۋەقەلىرىنى توپلاپ كىتاب قىلساڭ، بۇ كىتابنى ئوقۇغان كىشىلەر شېھىتلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ياد ئەيلەپ، ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلسا، ياخشى ئىش قىلغۇچىغا تەڭرىم زور ئەجىر بېرىدۇ. كىشىلەرمۇ ياخشى سۈپەت بىلەن ئۇلارنى ماختايدۇ دېگەن سۆزنىڭ روھىغا ئاساسەن، سەنمۇ قۇرۇق قالماس ئىدىڭ» دېدى. مەن يار-بۇرادەرلىرىمنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى ھەقىقەت دەپ بىلىپ، ئۇلارنىڭ سۆز گۆھەرلىرىنى تاشقا ئۇرۇپ ئېتىبارسىز قالدۇرۇشنى مۇناسىپ كۆرمىدىم ۋە مۇشۇنداق زور كىتابنى يېزىپ چىقىشنى ئۈستۈمگە ئېلىپ، ئۆزۈمنى باشقىلارنىڭ مالامەت ئوقىغا نىشانە قىلدىم.

«قىلىنغان ئىلتىماس سېخىي كىشىلەرنىڭ ھۇزۇرىدا قوبۇل بولىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە، بىلىپ ياكى بىلمەي ئۆتكۈزگەن كەمچىلىك، خاتالىقلىرىمنى ئوقۇغان ۋە ئىشىتكەنلەرنىڭ ئەپۇ ئېتىكى بىلەن يېپىپ، سېخىي قەلەملىرى بىلەن تۈزىتىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چۈنكى «ياخشى ئىشقا تەڭرىم كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىدۇ، خالايىقمۇ رەھمەت ئېيتىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە، كەمىنە ئاز-تولا بەھرى يېتىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، دېگەن ئارزۇ بىلەن ئىشەنچلىك تارىخ كىتابلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن-بىلگەن، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان كىشىلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ سوراپ، مۈجمەل، پارچە-پۇرات ھېكايە، قىسسە، رىۋايەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ راست ۋە ئېنىقلىرىنى تاللاپ، بۇ كىتابنى يېزىپ چىقتىم.

بۇ كىتابنىڭ يېزىلىشىغا بىرى، مۇھەممەد ئىمىن دادخاھ دېگەن كىشىنى سەۋەب بولغان. يەنە بىرى، بۇ كىتابنى يېزىشقا كىرىشكەن ۋاقتىمدا بۇ يۇرتلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت، پاراكەندىچىلىك تۈگەپ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك قارار تاپقانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ كىتابنى «تارىخىي ئەمىنىيە» دەپ ئاتىدىم ۋە مۇقەددىمە، ئىككى باب ھەم خاتىمە بىلەن تاماملاشنى نىيەت قىلدىم.

دىيانەتلىك ئاپتورلار ۋە يازغۇچىلار بۇ كىتابنى كۆرگەندە ياكى ئوقۇغاندا، كەمىنە خار-زار، ئېتىبارسىز كىشىنى ئىجابەتلىك دۇئا بىلەن ئەسلىرىگە ئېلىشلىرىنى، ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئىلتىماس قىلىپ، قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، يېزىشنى باشلىدىم.

ئۇلۇغ تەڭرىم! سېخىيلىق سۈپىتىڭنىڭ ھۆرمىتى بىلەن مېنىڭ مۇشۇ ئىشىمنى ئاسان قىلىشىڭنى تىلەيمەن. چۈنكى، سەن ئەڭ سېخىي ۋە ئەڭ رەھىملىكسەن. تەڭرى ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ ئىلتىجاسىنى جەزمەن ئىجابەت قىلغۇچىدۇر.

ئىككىنچى ئادەم  نۇھ پەيغەمبەردىن مۇشۇ كۈنگىچە موغۇلىستان  ۋە يەتتە شەھەر  دە يۈز بەرگەن ئەھۋاللار، بۇ يەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان گۇرۇھلار توغرىسىدىكى ئەھۋاللار، بۇ يەرنىڭ «موغۇلىيە» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب، مۇسۇلمان خانلارنىڭ نەسەبى، يەتتە شەھەرنىڭ خاقانى چىنغا تەۋە بولۇشى قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي بايانى مۇقەددىمە، ئىككى باب ۋە خاتىمىدىن تەركىب تاپقان بىر كىتاب قىلىندى.

بۇ كىتاب نىكولاي پانتىسوپنىڭ ياردىمى بىلەن بېسىلىپ چىقتى.

قازان مىلادىيە 1904- يىلى (ھىجرىيە 1322- يىلى) «مەدرىسەئىي ئۇلۇم» باسمىخانىسىدا بېسىلدى.

 

 

 

مۇقەددىمە

 

1

 

موغۇلىستان (يەتتە شەھەر) نىڭ ئەھۋالى ۋە بۇ جايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر؛ بۇ يۇرتقا كىملەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقى ۋە «موغۇلىيە» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى؛ بۇ يەردە ئۆتكەن مۇسۇلمان خانلىرىنىڭ نەسەبلىرى؛ خاقانى چىننىڭ موغۇلىستان خەلقىنى بويسۇندۇرغانلىقى

 

ھۆرمەتلىك دوست ۋە بۇرادەرلەرگە روشەن بولغايكى، بۇ يەتتە شەھەرنى قەدىمكى تارىخ كىتابلىرىدا كىشىلەر «موغۇلىستان» دەپ ئاتاپتۇ. بۇ شەھەرلەردە شۇ چاغلاردا يېزىلغان كونا ۋەسىقە-ھۈججەتلەر موغۇلىستان ھېسابىدا دەپ پۈتۈلۈپتۇ. نېمە ئۈچۈن «موغۇلىستان» دەپ ئاتالدى؟ قايسى زاماندىن باشلاپ ئىسلام دۆلىتىگە مۇشەررەپ بولدى؟ پادىشاھلىرى قايسى مىللەت، قايسى مەزھەپتە؟ خاقانى چىننىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكىلى نەچچە يىل بولدى؟ بۇ مەسىلىلەر قەدىمكى تارىخ كىتابلىرىدىن پايدىلىنىپ بولسىمۇ قىسقىچە بايان قىلىنمىسا، بۇ كىتابنى يېزىشتىكى مەقسەت روشەن ۋە ئېنىق بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى ھەر قانداق سۆز قىلغۇچى سۆزنىڭ بېشىنى ئوچۇق سۆزلىمەي، ئاخىرىغا قانچە كۈچىگەن بىلەن، ئوقۇغان ۋە ئاڭلىغانلار «ئايىغى بار، بېشى يوق» دەپ قاراپ، ئۇنداق سۆزگە ئېتىبار قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك جايلارنى «رەۋزە-تۇسسەفا»، «تارىخ رەشىدى»، «شەھىرى خىيە»گە ئوخشاش تارىخ كىتابلىرىدىن تاللاپ ئېلىپ كىرگۈزدۈم.

ۋەقەنى ھەزرىتى نۇھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك نامى بىلەن باشلايمەن.

ئىككىنچى ئادەم دەپ ئاتالغان نۇھ ئەلەيھىسسالام توپان بالاسى ئىچىدە قالغان چاغلىرىدا، تەڭرىنىڭ ئەمرى بىلەن كېمە ياساپ، بۇ كېمىگە ئادەملەردىن باشقا، يەنە ھەر تۈرلۈك مەخلۇقاتلاردىنمۇ بىر جۈپتىن سالدى. ئاقىۋەت كېمىنى جۇد تېغىنىڭ ئۈستىدە توختاتتى. بۇ چاغدا كېمىدە ئادەم زاتىدىن سەكسەن كىشى ئامان قالغانىدى. ئامان قالغانلارنىڭ ئىچىدىنمۇ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرىدىن باشقىلار سۇنىڭ سېسىقچىلىقىدا ھالاك بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەر يۈزىگە پەيدا بولغان ھەممە ئادەم نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ ئوغۇللىرىنىڭ ئۇرۇقىدىن تۆرەلگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن نۇھ ئەلەيھىسسالام «ئادىمى سانى»، يەنى ئىككىنچى ئادەم دەپ ئاتالغان.

نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى سام، ھام ۋە يافەس ئىدى. بەزى رىۋايەتلەردە بۇلارنى «يەيغەمبەر» دەپمۇ ئېيتىدۇ.

پۈتۈن ئەرەبىستان خەلقى ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەر سام ئەۋلادىدىن؛ پۈتۈن زەڭگىبار، ھەبەش، سۇدان زېمىنلىرىدىكى خەلقلەر ھام ئەۋلادىدىن؛ پۈتۈن شانۇ شەۋكەتلىك ئۇلۇغ پادىشاھلار ۋە تۈركلەر يافەس ئەۋلادىدىن دېيىلىدۇ. يافەستىن 11 ئوغۇل دۇنياغا كەلدى. چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى تۈرك ئىدى. پۈتۈن تۈرك، موڭغۇل، قىپچاق ۋە خىتايلار  تۈركنىڭ نەسلىدىن پەيدا بولغان.

ئەمما تۈركنى شۇ زاماندا يافەس ئوغلان دەپ ئاتايتتى، بەزى تارىخ كىتابلىرىدا يافەس ئوغلاننى كىيومۇرس بىلەن بىر ئەسىردە ئۆتكەن دەيدۇ.

يافەسنىڭ ئىككىنچى ئوغلى چىن، ئۇنىڭ ئوغلى ماچىن بولۇپ، پۈتۈن چىن ماچىن خەلقى شۇنىڭ نەسلىگە مەنسۇپ.

ئۈچىنچى ئوغلى رۇس بولۇپ، پۈتۈن رۇس، ناسارالار رۇسنىڭ ئۇرۇقىدىن تارالغان. قالغان ئوغۇللىرىنى بىر-بىرلەپ بايان قىلساق گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ. گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، سام ئەلەيھىسسالام غەرب تەرەپكە، ھام جەنۇب تەرەپكە، ھەزرىتى يافەس شەرق تەرەپكە يۈرۈش قىلدى.

يافەسنىڭ ئەۋلادى ناھايىتى تېز كۆپەيدى. ئەمما سۇ بار يەردە ئوت يوق، ئوت بار يەردە سۇ يوق بولۇپ، ئۇلار قىيىنچىلىقتا قالدى. يافەس بۇ ئەھۋالنى ئاتىسى نۇھ ئەلەيھىسسالامغا ئەرز قىلدى. نۇھ ئەلەيھىسسالام تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا ئىلتىجا قىلدى. دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ جەبرائىل ئەلەيھسسالام  دىن ئىسمى ئەزەم (ئۇلۇغ ئىسىملار) نى ئەۋەتتى. نۇھ ئەلەيھىسسالام بۇ ئىسمى ئەزەمنى تاشقا ئويۇپ يافەسكە بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ يافەسنىڭ ئەۋلادلىرى قاچان خالىسا شۇ چاغدا يامغۇر ياغىدىغان بولدى. بۇ تاشنى ئەرەب تىلىدا «ھەجرۇلمەتەر» دەيدۇ. تۈرك تىلىدا بۇ تاش «يادا تېشى» نامى بىلەن مەشھۇر. بۇ تاش پەقەت يافەسكە تەۋە زېمىندىلا كارغا كېلەتتى، سامغا تەۋە بولغان ئەرەبىستان زېمىنىدا كارغا كەلمەيتتى.

يۇرتنى ئاۋات پاراۋان قىلماق ئۈچۈن، خۇداۋەندە كېرىم ئۆزىگە خاس قۇدرىتى بىلەن نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆلۈم ئاپىتىنى كۆتۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋلادى كۆپىيىپ، تۈركۈم-تۈركۈم، گۇرۇھ-گۇرۇھ بولۇپ كەتتى. ھەر بىر گۇرۇھ بىر خىل تىلدا سۆزلىشەتتى. بىر گۇرۇھ يەنە بىر گۇرۇھ بىلەن تەرجىمان ئارقىلىق سۆزلىشەتتى. بىر گۇرۇھ يەنە بىر گۇرۇھ بىلەن تەرجىمان ئارقىلىق سۆزلىشەتتى. يافەس ھايات چېغىدىلا ئۇنىڭ ئەۋلادى ئوتتۇز يەتتە خىل تىلدا سۆزلىشەتتى، دېيىلىدۇ.

نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يافەس، ئۇنىڭ ئوغلى تۈرك، ئۇنىڭ ئوغلى ئىلغەخان، ئۇنىڭ ئوغلى زىب باتۇيخان، ئۇنىڭ ئوغلى كۆيۈكخان، ئۇنىڭ ئوغلى ئېلىنجەخان ئىدى.

ئېلىنجەخان ناھايىتى دۆلەتمەن، تۇرمۇشى پاراۋان كىشى ئىدى. ئۇ بايلىقنىڭ كۆپلۈكىدىن كۆرەڭلەپ، ئاتا ۋە ئەجدادلىرىنىڭ دىنىنى تاشلاپ قاراڭغۇ يولغا مېڭىپ تەڭرىگە شېرىك كەلتۈردى. دېمەك، بۇ يولغا ماڭغان خان-پادىشاھلارنىڭ تۇنجىسى ئېلىنجەخاندۇر.

ئېلىنجەخاندىن قوشكېزەك بىر جۈپ ئوغۇل ۋۇجۇدقا كەلدى. ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ بىرىنىڭ ئېتىنى «موغۇل»، بىرىنىڭ ئېتىنى «تاتار» قويدى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يۇرتنى ئىككى ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ، چېگىرىلىرىنى توختام قىلىپ ئايرىپ بەردى. موغۇل خانغا تەقسىم بېرىلگەن زېمىنلار «موغۇلىستان»، تاتار خانغا بۆلۈپ بېرىلگەن زېمىنلار «تاتارىستان» دەپ ئاتالدى. ھەر قايسىسى ئۆز يۇرتلىرىغا خان بولدى.

ئېلىنجەخاننىڭ ئوغلى موغۇلخان، ئۇنىڭ ئوغلى قاراخان، ئۇنىڭ ئوغلى ئوغۇزخان، ئۇنىڭ ئوغلى كۈنخان، ئۇنىڭ ئوغلى ئايخان، ئۇنىڭ ئوغلى يۇلتۇزخان، ئۇنىڭ ئوغلى دېڭىزخان، ئۇنىڭ ئوغلى مەڭلىكخان، ئۇنىڭ ئوغلى ئېلخان ئىدى. پادىشاھ پەرىدۇننىڭ ئوغلى تۇرخان بىلەن ئېلىخان ئۆزئارا ئەلچىلەر ۋە خەت-ئالاقىلەر ئەۋەتىشىپ مۇناسىۋەت قىلىشقانىكەن. بۇنىڭدىن ئېلخان بىلەن تۇرخاننىڭ زامانداش ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

موغۇلخان ئەۋلادىدىن سەككىز خان ناھايىتى زور پادىشاھ بولۇپ جاھاندىن ئۆتتى. ئەمما توققۇزىنچىسىغا، يەنى ئېلخانغا نۆۋەت كەلگەندە، موغۇلخان بىلەن تاتارخاننىڭ ئارىسىغا ئاداۋەت چۈشۈپ، ئاخىر ئاداۋەت، جېدەل ۋە دۈشمەنلىككە ئايلاندى. ئىككى ئوتتۇرىدا جەڭ-ماجىرالار يۈز بەردى. نەتىجىدە تاتارلار غالىب كېلىپ، موغۇللارنى ئۆلتۈرۈپ، يەر يۈزىدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىنى قويمىدى.

بىر رىۋايەتتە ئېلخان ئۆزى، يەنە بىر رىۋايەتتە ئوغلى قىناخان، ئىككى ئەر، ئىككى ئايال قۇتۇلۇپ قېلىپ، بىر ئات، بىر موزايلىق سىيىر، ئۈچ قوي، بىر ئۆچكىنى ئېلىپ كۆزدىن يىراق بىر تاغنىڭ جىلغىسىغا قېچىپ بېرىپ ئۆمرىنى ئۆتكۈزدى، دېيىلىدۇ. ئۇلار تاغ جىلغىسىنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئېتىۋېلىپ نەچچە ئەۋلاد، بەلكى نەچچە ئون، نەچچە مىڭ يىللار ئۆتكىچە جىلغا ئىچىدە ياشىدى. بارا-بارا ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە چارۋىلىرى كۆپىيىپ جىلغا ئىچىگە پاتماي قالدى. ئۇلار ئاسمان ئاستىدىكى زېمىننىڭ ھەممىسى مۇشۇ دەپ خىيال قىلىشاتتى. بۇ جاينى ئىسمى «ئەرگىنە قۇن» دەپ ئاتىلاتتى. ئۇلار ئىلاجسىزلىقتىن تاغ جىلغىسىنىڭ ئېتىۋېتىلگەن ئاغزىنى ئېچىپ چىقتى. ئاشۇ خانلارنىڭ ياخشى ئۆتكەن زامانلىرىنى تەبرىكلەيدىغان خۇشاللىق كۈنلىرىدە پادىشاھ ۋە ئۇلۇغلار ئارىسىدا تارتۇق-سوۋغات قىلىش لازىم كەلسە، ھەر قانداق نەرسىنى توققۇز-توققۇزدىن سوۋغات قىلاتتى. ئەمەلىيەتتە سەككىزنى بىر توققۇز دەپ ئاتايتتى. شانۇ شەۋكەتلىك پادىشاھلارنىڭ ھۇزۇرىدىلا ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى ئامما، ئەر-ئايال پۇقرالار ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلىشسا، ئاز دېگەندە سەككىز نان ئېلىپ بېرىپ ئۇنى توققۇز نان، دەپ ئاتايتتى. ھە سەككىز ناننى توققۇز نانغا تەڭ، دەپ ھېسابلايتتى. تا ھازىرغىچە بۇ رەسىم-قائىدە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

شۇ زاماندا ئېلخاننىڭ ئەۋلادىدىن «ئەلئەنقىۋا» ئاتلىق، ئەرگە تەگمىگەن بىر ئايال خان ئىدى. بىر كېچىسى بۇ ئايال ياتقان ئاق ئۆينىڭ تۈڭلۈكىدىن قۇياش نۇرىغا ئوخشاش بىر يورۇقلۇق چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئەلئەنقىۋاغا خۇشلۇق لەززىتى ھاسىل بولدى ھەم تەڭرىنىڭ قۇدرىتى بىلەن ھامىلىدار بولۇپ قالدى. ھەزرىتى بۈۋى مەريەم مۇ خۇددى شۇنداق بولۇپ ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالام ۋۇجۇدقا كەلگەنىدى. بۇنداق ئىشلار تەڭرىنىڭ قۇدرىتى ئالدىدا ناھايىتى ئاسان.

چۈنكى «تەڭرى نېمىنى خالىسا ۋە نېمىنى بۇيرۇسا بولماي قالمايدۇ» دېگەن ئايەت تەڭرىنىڭ ئۆزىگە خاس سۈپىتىدىن ئىبارەت.

خان ئوردىسى ئىچىدىكى ئەمەلدارلار ئارىسىدا گەپ-سۆز، پىتنە-پاسات پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇلار ۋەقەنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەنلىكتىن، خانغا بولغان ئىشەنچ يېڭىۋاشتىن كۈچەيدى.

ئەلئەنقىۋا ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا «بۇزەنجىرخان» دەپ ئات قويدى. بۇزەنجىرخان چوڭ پادىشاھ بولۇپ، ئىمىر ئابا مۇسلىم بىلەن دوست ئىدى. دېمەك، بۇنىڭدىن بۇزەنجىرخاننىڭ ئابا مۇسلىم بىلەن زامانداش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

بۇزەنجىرخاننىڭ ئوغلى بوقاخان، ئۇنىڭ ئوغلى مۆمىنخان، ئۇنىڭ ئوغلى قايدۇخان، ئۇنىڭ ئوغلى بايسۇنقۇرخان، ئۇنىڭ ئوغلى دۆمنەخان، دۆمنەخاندىن قىبلىخان، قاجۇلىخان دەپ قوشكېزەك بىر جۈپ ئوغۇل ۋۇجۇدقا كەلدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىچىك ئوغلى قاجۇلىخان چۈش كۆردى. كۆرگەن چۈشىنى دادىسىغا بايان قىلىپ ئېيتتىكى: «بۈگۈن كېچە ئاكام قىبلىخاننىڭ ئېتىكىدىن بىر قۇياش چىقىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ ھەممە ئالەمنى يورۇتتى، كېيىن ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر نەچچە قۇياش پەيدا بولۇپ بىر-بىرلەپ كىرىپ كەتتى. بۇ ئىش بىر نەچچە قېتىم تەكرارلاندى. ئاخىر يۇلتۇزلۇق كېچىدەك يورۇق بولۇپ تۇرغان چاغدا، مېنىڭ ئېتىكىمدىن بىر قۇياش چىقىپ ھەممە جاھاننى يورۇتتى، ئاخىر ئۇمۇ ئولتۇرۇپ كەتتى. يەنە بىر نەچچە قۇياش پەيدا بولۇپ ھەممە يەرنى يورۇتتى. بۇ ئەھۋال ئۇزاق داۋام قىلدى. كېيىن ئويغانسام چۈشۈم ئىكەن» دېدى. دادىسىنىڭمۇ چۈشىدە مۇشۇنداق ۋەقەلەر يۈز بەرگەنىدى. ئۇ پۈتۈن ئوردا ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ ئۇلارغا ئوغلىنىڭ چۈشىنى تەپسىلىي بايان قىلدى. ئوردا ئەمەلدارلىرى مۇلاھىزە قىلىشقاندىن كېيىن: «قىبلىخاننىڭ ئەۋلادىدىن بىر شەۋكەتلىك پادىشاھ ۋۇجۇدقا كېلىدىكەن، پۈتۈن ئالەم ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ خاتىرجەم ياشايدىكەن. كېيىن چىققان قۇياشلار پەرزەنتلىرى بولۇپ كەينى-كەينىدىن دۇنياغا كېلىپ، ھەر بىرى بىر تەرەپكە پادىشاھ بولۇپ دەۋران سۈرۈپ ئۆتىدىكەن. چۈش كۆرگەن قاجۇلىخاننىڭ نەسلىدىن ناھايىتى شەۋكەتلىك ئۇلۇغ بىر پادىشاھ ۋۇجۇدقا كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ ياخشى خىسلىتىدىن يەر يۈزى ئاۋات ۋە باياشات بولىدىكەن»، دەپ تەبىر بېرىشتى. بۇنى ئاڭلاپ ھەممە كىشى دۆمنەخاننى مۇبارەكلەشتى ۋە ئاپىرىن ئوقۇشتى. دۆمنەخان:

مەندىن كېيىن ئوغلۇم قىبلىخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى پادىشاھ بولسۇن. قاجۇلىخاننىڭ ئەۋلادى ۋەزىرلىك ئورنىدا تۇرۇپ مەملىكەت ئىشلىرىدىن خەۋەر ئالسۇن. مۇشۇ مەزمۇندا خەت پۈتۈلسۇن، دەپ ئەمىر قىلدى.

خەت يېزىلىپ تەييار بولغاندىن كېيىن، خان باشلىق پۈتۈن ۋەزىر-ۋۇزەرا، ئەمىر-ئۇمەرالار خەتكە مۆھۈرلىرىنى بېسىپ خەزىنىگە تاپشۇردى.

مۇشۇ ۋەسىقە (توختام خەت) خانلارنىڭ خەزىنىلىرىدە تا سۇلتان سەئىدخاننىڭ زامانلىرىغىچە ساقلىنىپ، ئۇنىڭدىكى بەلگىلىمىلەر ئىجرا بولۇپ كەلگەنىكەن. بۇ خەت قالماق (موڭغۇل) تىلىدا «پارامىن» دەپ ئاتىلىدۇ.

قىبلىخاننىڭ ئوغلى بوزناخان، ئۇنىڭ ئوغلى يىسۇ باھادىرخان، ئۇنىڭ ئوغلى پادىشاھ چىڭگىزخان ئىدى. چىڭگىزخان تارىخ (ھىجرىيە) نىڭ 598- يىلى  پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردى. پايتەختى قارا قۇرۇمدىكى «كۇرۇلۇن» دېگەن يەردە ئىدى. شۇ چاغدا خىتاي (جۇڭگو) نىڭ خېنى ئالتانخان  بولۇپ، پايتەختى «خان بالىغ» ئىدى. خىتاي تىلىدا خان بالىغنى «جۇڭدۇ (يەنى دادۇ)» دەيدۇ.

ئالتانخاننىڭ ئۈستىگە چىڭگىزخان چېرىك تارتىپ بېرىپ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى ئالدى. ئاخىر ئالتانخان تەسلىم بولۇپ، دوستلۇق ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ قىزىنى بەردى. چىڭگىزخان شۇنىڭغا رازى بولۇپ، ئالتانخاننىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ ياندى.

شەرقتە خانبالىغدىن تارتىپ شىمالدا قازان شەھىرىگىچە بولغان زېمىننىڭ «تاتارىستان» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەبكە كەلسەك، چىڭگىزخان قازان شەھىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغان چاغلىرىدا ئېلىپ بارغان تاتار ئەسكەرلىرى غەلىبە قازىنىپ شۇ جايلاردا ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، غەلىبە قىلغۇچىلارنىڭ نامى بىلەن «تاتارىستان» دەپ ئاتالغان بولۇشى مۇمكىن، كېيىن بۈيۈك ئەمىر تېمۇر كوراگان ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغلاردا تاتارلارنى كۆچۈرۈپ ئۆز يۇرتلىرىغا ئېلىپ كەلدى، دېيىلىدۇ.

چىڭگىزخان غەرب تەرەپتە رۇم، مەۋسىل، باغداد، جەنۇب تەرەپتە ئوزپايخان  دەرياسى، سىندى، كابېل، بەدەخشانلارنى ھەم تاتارىستاننى قولغا كىرگۈزۈپ 25 يىل پادىشاھ بولدى، ئۇ 73 يىل ئۆمۈر كۆردى.

پارامىندىكى بەلگىلىمە بويىچە، قاراچانويان ۋەزىر بولدى. قاراچانويان بۈيۈك ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ بەشىنچى ئەۋلاد بوۋىسى ئىدى. چۈنكى ئەمىر تېمۇرنىڭ ئاتىسى ئەمىر تورغاي، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەمىر توكۇل، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەمىر ئېلىنگىر، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەمىر ئېجىل باھادىر، ئۇنىڭ ئاتىسى قارا نويان باھادىر، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەمىر سۇغۇنچىن، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەمىر بەردوق باھادىر، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەمىر ئىرمىچىن بارلاس، ئۇنىڭ ئاتىسى قاجۇلى باھادىر، ئۇنىڭ ئاتىسى دۆمنەخاندىن ئىبارەت بۈيۈك ئەمىر تېمۇرنىڭ سەككىزىنچى بوۋىسى بىلەن چىڭگىزخاننىڭ تۆتىنچى بوۋىسى بىر ئىدى.

خانلىق قىبلىخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا، ۋەزىرلىك قاجۇلىخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا بەلگىلىنىپ پارامىن يېزىلغانلىقى ئۈچۈن، بۈيۈك ئەمىر تېمۇر كوراگان ھەر قانچە چوڭ پادىشاھ بولغان بىلەن يەنىلا خىزمەتچى، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغۇچى دەرىجىسىدە ئىدى. پارامىننىڭ بەلگىلىمىسىنى ئۆزگەرتەلمەي بىر نەچچە ئەۋلادقىچە شۇنداق ئۆتتى.

مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ  زامانلىرىدا ئۇۋەيس خاننىڭ ئوغلى يۇنۇسخان ئولجا تەرىقىسىدە قولغا چۈشۈۋىدى، ئۇنى شىرازغا  پالىدى. يۇنۇسخان ھۈنەر-كەسىپ قىلىپ «يۇنۇس ئۇستا» دەپ نام چىقىرىپ مەشھۇر بولدى. 30 نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، سۇلتان سەئىد مىرزا ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىققاندا شىرازغا ئادەم ئەۋەتىپ يۇنۇسخاننى ئالدۇرۇپ كېلىپ: «بۇندىن كېيىن مېنى دوست بىلگەيلا، خىزمەتچى قاتارىدا كۆرگەيلا، مەنمۇ ئۆز ئالدىمغا پادىشاھ» دېگەندەك نۇرغۇن گەپ-سۆزلەرنى قىلدى، يۇنۇسخان ماقۇل بولۇپ سۇلتان سەئىد مىرزىنى «خان» دەپ ئاتىدى. سۇلتان سەئىد مىرزا يۇنۇسخاننى بىر مۇنچە موڭغۇللارنى قوشۇپ موغۇلىستانغا «خان» قىلىپ ئەۋەتتى، ئاخىر خۇدايارخانغىچە ئەمىر تېمۇر ئەۋلادلىرىمۇ «خان» دەپ ئاتىلىپ كەلدى.

چىڭگىزخاننىڭ جۇجىخان، چاغاتايخان، ئوگتايخان، تولۇيخان دەپ تۆت ئوغلى بار ئىدى. چىڭگىزخان پۈتۈن مەملىكىتىنى ئوغۇللىرىغا تەقسىم قىلىپ بەردى. چاغاتايخانغا ئامۇ دەرياسىدىن تارتىپ پەرغانە ۋىلايىتى ۋە موغۇلىستان يۇرتلىرى تەقسىم بولدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ تەرەپتىكى خەلقلەرنى «چاغاتاي» دەپ ئاتايدىغان بولدى.

چىڭگىزخان ئوگتايخاننى ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، قالغان بالىلىرىنى ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشقا يارلىق قىلدى. ھىلاكۇخان مەشھۇر تولۇيخاننىڭ ئوغلى (يەنى چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى) بولۇپ، ۋەقەلىرىمۇ نۇرغۇن. ئەمما، بۇ يەردە موغۇلىستان خانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى يېزىش مەقسەت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ھىلاكۇخاننىڭ ۋەقەلىرى سۆزلەنمىدى.

چاغاتاي خاننىڭ ئوغلى مامۇكاي، ئۇنىڭ ئوغلى سوقرا باھادىر، ئۇنىڭ ئوغلى بۇراقخان ئىدى. بۇراقخان ئىسلام دىنىغا مۇشەررەپ بولۇپ، سۇلتان غىياسىددىن دېگەن لەقەم بىلەن ئاتالدى. ئۇ تاشكەنتنى پايتەخت قىلغانىدى، ياش ۋاپات بولۇپ كەتتى. ئۇ ئىسلام پادىشاھلىرى ئىچىدە راۋا تاپالمىغانلارنىڭ بىرى بولدى. بۇراقخاننىڭ ئوغلى دۇۋاخان، ئۇنىڭ ئوغلى ئىسەن بۇغاخان، ئۇنىڭ ئوغلى تۇغلۇق تېمۇرخان ئىدى.

تۇغلۇق تېمۇرخان 24 يېشىدا مەۋلانا ئەرشىدىن نىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن مۇسۇلمان بولدى. ئۇ تارىخ (ھىجرىيە) نىڭ 766- يىلى  34 يېشىدا ۋاپات بولۇپ، ئۆز پايتەختى ئىلىدا دەپنە قىلىندى.

مەغپۇرخان خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان چاغدا ھەر قايسى يۇرت ئۆز ئالدىغا باشقا-باشقا بولۇپ كەتكەنىدى. تۇغلۇق تېمۇرخان ماۋەرائۇننەھر شەھەرلىرىنى ئاتا مىراسىم دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ سەمەرقەنتكە باردى. بۇ چاغدا ئەمىر تېمۇر كوراگان شەھىرى سەبزدە ھاكىم ئىدى. ئۇ تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنى ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋالدى، پارامىندىكى بەلگىلىمە بويىچە، تۇغلۇق تېمۇرخان ئوغلى ئىلياس خوجىنى سەمەرقەنتتە خانلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزۇپ، ئەمىر تېمۇر كوراگاننى ئۇنىڭغا ۋەزىر قىلىپ بەلگىلىدى ۋە قۇندۇزغىچە بولغان زېمىننى قولغا كىرگۈزۈپ ئۆز پايتەختىگە قايتىپ كەلدى. شۇ كۈندىن تارتىپ خالايىق ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئىلى شەھىرىدە ئىسلام دىنى قانات يايدى.

ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشارىتى بىلەن ئەبۇ نەسىر سامانى تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 332- يىلى  قەشقەر ۋىلايىتىگە كەلدى، بۇ چاغدا قەشقەردە بۇغراخانلاردىن سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ دادىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇپ، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان 13 ياشلاردا ئىدى. ئۇ تەڭرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بېرىشى، ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن مۇسۇلمان بولدى، ھاكىمىيەتنىمۇ قولغا كىرگۈزدى. ھەممە خالايىق سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ دەۋەت قىلىشى ۋە تىرىشىشى بىلەن مۇسۇلمان بولۇپ، يەتتە شەھەردە ئىسلام جارى بولدى. ئەمما خوتەننىڭ خېنى (ئۇلۇغى) بويسۇنماي 40 يىلدىن كېيىن مۇسۇلمان بولغانىكەن. «تۈركلەردىن ھەممىدىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغۇچى ساتۇق بولىدۇ» دېگەن ھەدىس سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئۈچۈن ئېيتىلغان. سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننى ئاپراسىياپنىڭ ئەۋلادى دېيىشىدۇ، بۇغراخاننىڭ قەبرىسى ئاتۇشتا بولۇپ، كىشىلەر ئۇلۇغ بىلىپ زىيارەت قىلىشىدۇ.

تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ ئوغلى خىزىر خوجاخان ئاتىسىنىڭ ئورنىدا پايتەختتە ئولتۇردى. بۇ چاغدا قۇمۇل، تۇرپان خەلقلىرى باشقا دىندا بولۇپ، خىزىر خوجاخاننىڭ قولىدا ئىسلام دىنىغا كىردى. خىزىر خوجاخان بېيجىڭ تەرەپكە غازات قىلىپ بېرىپ، نۇرغۇن شەھەرلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئاخىر شېھىت بولدى، جەسىتى تۇرپاندا دەپنە قىلىندى. موغۇلىستاننىڭ پايتەختى يەكەن بىلەن تۇرپاندۇر.

خىزىر خوجاخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەدخان، ئۇنىڭ ئوغلى شىرئەلىخان، ئۇنىڭ ئوغلى ئۇۋەيسخان، ئۇنىڭ ئوغلى يۇنۇسخاندۇر.

يۇنۇسخان دىيانەتلىك، ئالىم، مۇسۇلمان كىشى بولۇپ، پايتەختى تاشكەنتتە ئىدى، ئۇ خوجا ئۇبەيدۇللا ئەھرارىنىڭ ئىخلاسمەن مۇرىتى ئىدى.

سۇلتان سەئىد مىرزىنىڭ ئوغۇللىرى مىرزا مەھمۇت ۋە مىرزا ئەھمەدلەر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى خوجا ئەھرار بىلەن تاشكەنتكە بېرىپ قالدى. يۇنۇسخان ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدى. ئۇلار يولدا ئۇچرىشىپ ئاتتىن چۈشۈپ شۇ يەردە ئولتۇرۇشتى. شۇ چاغدا خوجا ئەھرار ھەم نەم ھەم بىپاك يەردە ئولتۇرۇپ قالغان ئوخشايمەن، دەپ گۇمان قىلدى. يۇنۇسخان بۇ ئەھۋالنى سېزىپ دەرھال ئېتىكىدە قۇرۇق توپا ئەكېلىپ تۆكۈپ بەردى. خوجا ئەھرار بۇ ئادەمنىڭ مۇنداق ئىخلاسمەنلىكىگە خۇشال بولۇپ دۇئا قىلدى.

شۇ چاغلاردا بەزى بۇلاڭچى، قاراقچىلار موغۇلىستان ئادەملىرىنى ئېلىپ قېچىپ، باشقا يۇرتلاردا ساتىدىكەن. خوجا ئەھرار بۇ ئىشتىن ۋاقىپ بولۇپ، «دىيانەتلىك مۇسۇلمان پادىشاھلىرىنىڭ پۇقرالىرىنى ئېلىپ-ساتىدىغان ئىشلار بولمىسۇن، يۇرت ھاكىملىرى بۇ ئىشنى قاتتىق مەنئى قىلسۇن» دەپ شەرىئەتنىڭ ئەمىرىنى جارى قىلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ موغۇلىستان ئادەملىرىنى ئېلىپ-ساتىدىغان ئىش تۈگىدى. يۇنۇسخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن تاشكەنتتە دەپنە قىلىندى.

يۇنۇسخاننىڭ ئوغلى ئەھمەدخان بولۇپ، ئۇ ئاقسۇدا دەپنە قىلىندى، بۇ يەر «ئالتۇنلۇق» دەپ ئاتالدى. چۈنكى موڭغۇللار خاننىڭ جەسىتى بار يەرنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن «ئالتۇن» دەپ ئاتايتتى. خان-بەگلەرنىڭ بۇيرۇق خەتلىرىنىمۇ ئىززەت قىلىپ، ئالتۇن-دەستەك، ئالتۇن نىشان دەيتتى، ئەھمەدخاننىڭ تاغىسى ئىسەن بۇغا خانمۇ ئاقسۇ ئالتۇنلۇقتا دەپنە قىلىنغان بولۇپ، ئىككى خاننىڭ جەسىتى بىر جايدا بولدى.

سۇلتان سەئىدخان ئەھمەدخاننىڭ ئوغلى بولۇپ، كابۇل شەھىرىدە ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ ئەۋلادى بولغان بابۇر شاھنىڭ قېشىدا تۇراتتى. ئۇ بىر نەچچە كىشى بىلەن ئەنجان ۋىلايىتىگە كېلىپ ئۈچ يىل ھاكىمىيەت سورىدى، ئاندىن كېيىن يەتتە شەھەرگە بېرىشنى مەسلىھەت قىلىشىپ، دوغلات، دوختۇي، بارلاس، جاراس قاتارلىق توققۇز قەبىلىدىن داڭلىق باتۇرلاردىن 4700 كىشىنى تاللاپ، بىللە ئېلىپ قەشقەرگە كەلدى. بۇ چاغدا يەتتە شەھەرگە ئەمىر خۇدايداد ئەۋلادىدىن مىرزا ئابابەكرى پادىشاھ بولۇپ 48 يىل ھۆكۈم سۈرگەنىدى. سۇلتان سەئىدخان قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن مىرزا ئابابەكرى بىلەن ئۇرۇشتى، ئاخىر مىرزا ئابابەكرى يېڭىلىپ قېچىپ كەتتى. سۇلتان سەئىدخان يەتتە شەھەرنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردى.

مىرزا ئابابەكرىنىڭ دۇنيا-دەپنىسى، مال-مۈلۈك، چارۋا، باغ-ۋارانلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئۇ خەلققە ناھايىتى زۇلۇم سالغانىدى. بىر كىشىدىن ئازراق گۇناھ ئۆتكەن بولسا، ئۇ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى قويماي سۈپۈرۈۋالاتتى.

ئۇ ئاقسۇ خەلقىنى «ئەھمەدخانغا ياردەملەشتى» دەپ قىرغىن قىلدى، تىرىك قالغانلىرىنى قەشقەر، يەكەن، خوتەن تەرەپلىرىگە كۆچۈرۈۋەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاقسۇ دىيارى 16 يىل ۋەيرانە، ئادەمسىز، بوش بىكار قالغانىدى.

تارىختا ھېچقاچان مىرزا ئابابەكرىدەك زالىم پادىشاھ ئۆتمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ھەر كىشى مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشنى ئارزۇ-ھەۋەس قىلسا، «تارىخى رەشىدى»نى ئوقۇپ كۆرسە كۇپايە قىلىدۇ.

سۇلتان سەئىدخان پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن ھەر قايسى شەھەرلەرگە كۆچۈپ كەتكەن ئاقسۇلۇقلارنى ۋە ئاقسۇدا ئولتۇراقلىشىشنى خالىغان كىشىلەرنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، بۇ دىيارنى يەنە ئاۋات قىلدى. ئاقسۇ خەلقى جاي-جايلاردىن كۆچۈپ كەلگەن كىشىلەر بولغاچقا، ئۇلار ئۆزئارا ئىتتىپاق ئەمەس ئىدى، دېيىلىدۇ.

سۇلتان سەئىدخان مىرزا ئابابەكرىنىڭ خەزىنە، مال-مۈلۈكلىرىنى ئەسكەرلىرىگە تەقسىم قىلىپ بەردى. ھەممىسى دۇنيادىن ھاجەتسىز بولدى. «تارىخى رەشىدى»نىڭ ئاپتورى مىرزا ھەيدەر كوراگان شۇ كىتابتا: «شۇ چاغدا مەن 16 17 ياشتا ئىدىم. مال-دۇنياغا ئانچە قىزىقمايتتىم. شۇنداق تۇرۇقلۇق ماڭا 17 مىڭ قوي تەقسىم قىلىپ بەردى. پۇل-مالغا مەيلى بار كىشىلەر قانچىلىك ئالغاندۇر؟ غەنىيمەت ئېلىنغان مال-ئولجىنىڭ كۆپلۈكىنى شۇنىڭدىن قىياس قىلسا بولىدۇ» دەپ يازغان.

سېخىي سۇلتان سەئىدخان مۇسۇلمانلار ئاجىزلىشىپ، خاراب بولۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ مال-دۇنيادىن ھاجەتسىز بولغانلىقىنى پەملەپ، بۇ يەتتە شەھەر خەلقى تۆلەيدىغان ئون يىللىق باجنى كۆتۈرۈۋەتتى. ئۇ «ئون يىلغىچە پۇقرالاردىن بىر نەرسە ئېلىنمىسۇن، ئالۋان-ياساق سېلىنمىسۇن، پۇقرالارمۇ بىر نەرسە بەرمىسۇن» دەپ يارلىق چۈشۈردى. بەش يىلغىچە ئەسكەرلەرنىڭ ئەھۋالى ئوبدان ئۆتتى. بەش يىلدىن كېيىن ئەھۋال خارابلىشىشقا باشلىدى. ئوردا ئەمەلدارلىرى مەسلىھەتلىشىپ قەرز ئالدى. بۇنىڭ بىلەن ئالتىنچى يىلنى ئۆتكۈزدى. پۈتۈن دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرى يىغىلىپ: «بۇنىڭلىق بىلەن ئەھۋال يەنە ئوڭشالمىدى، خان ئۆز ئەمرىدىن يانمىسا، يۇرت خەلقىگە بىر نېمە دېگىلى بولمىسا، قانداق قىلغۇلۇق» دەپ مەسلىھەتلەشتى ۋە تۆت يىلنى ئارتۇق ھېسابلاپ، «بۇ شەھەرگە كەلگىلى ئون يىل بولدى. مەسىلەن، بۇ يىل كالا يىلى كىردى. يۇرت خەلقىدىن باج ئالساق» دەپ خانغا ئىلتىماس قىلىشتى. خان بۇ ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىپ پۇقرالاردىن شەرىئەت ھۆكۈمىگە مۇۋاپىق باج-خىراج ئېلىشقا يارلىق چۈشۈردى. خاننىڭ يارلىق، ئەمر-پەرمانلىرىغىمۇ تۆت يىلنى قوشۇپ ھېسابلىغان يىل يېزىلدى. پۇقرالارمۇ شۇ ھېسابنى قوبۇل قىلدى. بۇ شەھەرنىڭ يىل ھېسابى باشقا شەھەرلەردىن تۆت يىل ئىلگىرى بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىن ئىبارەت.

سۇلتان سەئىدخان 27 يىل پادىشاھلىق قىلىپ، ھىجرىيىنىڭ 939- يىلى  47 يېشىدا ۋاپات بولۇپ، يەكەنگە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى ئابدۇرىشىتخان خان بولدى.

ئابدۇرىشىتخان ناھايىتى غەيرەتلىك، سېخىيلىقتا تەڭدىشى تىللىرىدا ياخشى شېئىرلارنى يازاتتى. مۇزىكا ئىلمىدە ئىككىنچى فىساغورس  ئىدى. ئۇ «ئىشرەت ئەنگىزى» ناملىق بىر مۇقام ئىجاد قىلدى. شۇ چاغلاردا خوجا مۇھەممەد شېرىپ پىر دېگەن (ئىشان) كىشى كەلگەنىدى، ئابدۇرىشىتخان ئۇنىڭغا مۇرىت بولدى. مىرزا مۇھەممەد ھۈسەيىن كوراگاننىڭ ئوغلى مىرزا ھەيدەر ئابدۇرىشىتخاننىڭ نامىغا بىر تارىخ كىتابى يېزىپ، ئىسمىنى «تارىخى رەىشىدى» قويدى. ئابدۇرىشىتخان 27 يىل پادىشاھلىق قىلىپ، تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 967- يىلى  49 يېشىدا ۋاپات بولۇپ، يەكەندە دەپنە قىلىندى. ئورنىغا ئوغلى ئابدۇكېرىمخان خان بولدى. ئۇمۇ يۇرتنى ئادىللىق بىلەن سورىدى، زورلۇق-زۇمبۇلۇقنى يوقاتتى. بۇ چاغدا ئىنىسى مۇھەممەدخان ئاقسۇغا، يەنە بىر ئىنىسى سوپى سۇلتان قەشقەرگە ھاكىم ئىدى. ئۇ 33 يىل پادىشاھ بولۇپ تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1000- يىلى  ۋاپات بولۇپ يەكەندە دەپنە قىلىندى.

ئابدۇكېرىمخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئۇنىڭ ئىنىسى مۇھەممەدخاننى يەكەندىن ئېلىپ كېلىپ خانلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزدى. مۇھەممەدخان ھەم پادىشاھ، ھەم دەرۋىش كىشى ئىدى. ئۇ پادىشاھ بولۇپ سەككىز يىل ئۆتكەندە ۋىلايەت تەرەپتىن مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئوغلى خوجا مۇھەممەد ئىسھاق يەكەنگە كەلدى؛ مۇھەممەدخان ئىشەنچ بىلدۈرۈپ مۇرىت بولدى، كۆپ ياخشى ئىشلار ۋۇجۇدقا كەلدى. ئۇنى بايان قىلساق سۆز ئۇزىراپ كېتىدۇ.

مۇھەممەدخان 70 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، 18 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى شۇجائىددىن ئەھمەد خان بولدى بۇ كىشىنى ئۆز ئادەملىرى شېھىت قىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى ئابدۇللېتىپ سۇلتان خان بولدى.

ئۇ 12 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1037- يىلى  26 يېشىدا ۋاپات بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن خانزادىلەر ئۆز ئالدىغا پادىشاھ بولۇپ بۆلۈنۈپ كەتتى. شۇ چاغلاردا قۇمۇلدىن تارتىپ بۈگۈرگىچە ئابدۇرىشىتخاننىڭ 12- ئوغلى ئابدۇرېھىمخان پادىشاھ ئىدى.

سۇلتان سەئىدخاندىن تارتىپ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى شەرقتە قۇمۇل، غەربتە بەدەخشان، شىمالدا ئىسسىق كۆل، جەنۇبتا چەرچەن-لوپقىچە بولغان زېمىنلارغا پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان.

تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1048- يىلى  سۇلتان ئابدۇرىشىتخاننىڭ توققۇزىنچى ئوغلى ئابدۇللاخان بۆلۈنۈپ كەتكەن خانلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاتا-بوۋىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، 32 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئەمما ئۇ رەھىمسىز، زالىم، قانخور، گۇمانخور بىر ئادەم ئىدى. ئۇ ئىلگىرىكى خان-بەگلەرنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئىشەنچلىك، ۋەتەنپەرۋەر ياخشى كىشىلەردىن گۇمان قىلىپ كۆپلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قالغانلىرىنى يۇرتتىن قوغلىۋەتتى. ئۆزىنىڭ ئىنىلىرىدىن بىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قالغان ئىككى ئىنىسى ئىبراھىم سۇلتان ۋە ئىسمائىل سۇلتاننىمۇ قوغلىۋەتتى. ئۇ ھېچ كىشىگە ئىشەنمىدى. ھەتتا ئۆز پەرزەنتلىرىگىمۇ ئىشەنمىدى. بالىلىرىمۇ دادىسىدىن خاتىرجەم بولالمىدى. ئاقىۋەت ئۆز تەۋەلىكىدىكى يۇرتلارغا قىرغىزلارنى ھاكىم قىلدى. قەشقەرگە قويسارى بەگنى، ئاقسۇغا ئولجاتاي بەگنى، ئۈچتۇرپانغا ئالتىقۇرتقا بەگنى ھاكىم قىلىپ ھاكىمىيەتنىڭ تولىسىنى قىرغىزلارغا تۇتقۇزدى. شۇنداقتىمۇ يەنە قىرغىزلاردىن، يۇرت خەلقىدىن خاتىرجەم بولالماي گۇمانخورلۇق بىلەن تولا ئادەم ئۆلتۈرۈپ ناھەق قان تۆكتى. ئاخىر ئارام ئالالماي ھىجرىيىنىڭ 1080- يىلى  ئورنىغا ئوغلى يولۋاسخاننى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى «مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىپ كېلىمەن» دەپ خوشلىشىپ يولغا چىقتى.

يولۋاسخان بىر نەچچە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن تاغىسى ئابدۇرېھىمخاننىڭ ئوغلى ئىسمائىلخان خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ يۇرت ۋە پۇقرانى ئادالەتلىك بىلەن سورىغانلىقى ئۈچۈن ھەممە كىشى خۇشال-خۇرام، ئەركىن تۇرمۇش كەچۈردى.

مۇشۇ دەۋردە مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئوغلى خوجا يۈسۈپ خوجام بىلەن ئوغلى خوجا ھىدايىتۇللاھ خوجام (مەشھۇر بولغان ئىسمى «ھەزرىتى ئاپاق») ئاتا-بالا ئىككىسى پەيدا بولدى. بىر نەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، خوجا يۈسۈپ خوجام ۋاپات بولۇپ قەشقەردە دەپنە قىلىندى.

ئىسمائىلخان 12 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئىلىغا سەپەر قىلدى. ھاكىمىيەت مۇھەممەد ئىمىن خاننىڭ قولىغا ئۆتتى. بۇ چاغدا خوجا ئىسھاق خوجامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن خوجا دانىيال خوجام سەججادە نەشىن  ئورنىنى ئىگىلەپ تۇرغان چاغ ئىدى. ئۇ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلاشتى. خانلار قالماق (موڭغۇل) ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئۆزىنى ئېتىپ ياردەم تەلەپ قىلدى. بۇنىڭ بىلەن سەئىدىيە خانىدانلىقىنىڭ دۆلەت چىرىغى ئۆچۈشكە باشلىدى. موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق نەپسى يوغىناپ نۇرغۇن چېرىك-ئەسكەر ئەۋەتىپمۇ يەتتە شەھەر خەلقىنى بويسۇندۇرالمىدى. يەتتە شەھەر خەلقى موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنۇشنى نومۇس دەپ بىلدى. موڭغۇللار يەتتە شەھەر خەلقىنىڭ خوجىلارغا ئىخلاس قىلىدىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، خوجىلار بىلەن بىرلىشىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا پۈتۈشتى. ھەر بىر شەھەرگە موڭغۇلدىن بىر نازارەتچى ۋە بىر نەچچە ئەمەلدار قويۇلدى. ھەر يىلى يەتتە شەھەر خەلقى ئىلىغا نۇرغۇن مىقداردا خام-ماتا ئەۋەتىپ موڭغۇللارغا باج تۆلەشكە باشلىدى.

دانىيال خوجىدىن كېيىن ئۇبەيدۇللاھ خوجا باش بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئەۋلادمۇ ئەۋلاد شۇ يوسۇندا داۋاملىشىپ كېتىۋەردى. ئۇبەيدۇللاھ خوجىدىن كېيىن ئوغلى ياقۇپ خوجا، يۈسۈپ خوجا، خامۇش خوجىلار بىرلىكتە يۇرت سوراپ، خەلقتىن خەۋەر ئېلىپ تۇردى. ياقۇپ خوجا يەكەندە، يۈسۈپ خوجا قەشقەردە، خامۇش خوجا ئاقسۇدا تۇراتتى.

مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئىلىدا «قۇنتەيجى»  دېگەن موڭغۇل پادىشاھ بولۇپ، قۇمۇل دىيارى، قازاق دىيارى، موڭغۇل دىيارى، قىرغىز دىيارى، تۈركىستان، چىمكەنت، سايرام، موغۇلىستان قاتارلىق يۇرتلارغا ھۆكۈمران ئىدى. خوجىلارمۇ قونتەيجىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا بويسۇنۇپ، ھەر يىلى بىر ياكى ئىككى قېتىم نۇرغۇن سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ ئىلىغا بېرىپ قونتەيجىگە كۆرۈنۈش قىلىپ ئۇنىڭ رۇخسىتى بىلەن قايتىپ كېلەتتى. قونتەيجى ھەر قايسى خوجىنىڭ بىردىن ئوغلىنى ئىلىغا ئېلىپ چىقىپ بارىمتاي قىلىپ  ئۆز يېنىدا ساقلايتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىر نەچچە يىل ئۆتتى.

يۈسۈپ خوجا ناھايىتى چارە-تەدبىرلىك كىشى بولۇپ، نۇرغۇن سوۋغا-سالام، تارتۇقلار بىلەن ئىلىغا بېرىپ قونتەيجىنىڭ نەزىرىدىن ئۆتۈپ بىر نەچچە يىل تۇردى. ئاندىن نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىپ، ئىلىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان خوجىزادىلەرنى ئېلىپ كېتىشكە قونتەيجىدىن بۇيرۇق ئېلىپ، ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىقىپ مۇز داۋانغا كەلدى. بۇ چاغدا قونتەيجى ھېلىقى بۇيرۇقىدىن يېنىۋېلىپ خوجىلارنى ياندۇرۇپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. خوجىلار مۇز داۋاندىن ئۆزلىرى ئۆتۈۋالغاندىن كېيىن، توسۇپ تۇرۇپ باشقىلارنى ئۆتكۈزمەي ئاقسۇغا يېتىپ كەلدى ۋە دەرھال شەھەر-شەھەرگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، «شەھەردە تۇرۇۋاتقان موڭغۇللارنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرنى غەيرىي دىندىكىلەردىن تازىلاڭلار» دېگەن مەزمۇندا خەت ئەۋەتتى. بۇ چاغدا كىشىلەر، خوجىلارنى ئاق خان، موڭغۇللارنى قارا خان دەپ ئاتايتتى. نەتىجىدە خوجىلار موڭغۇللارنى ئۆلتۈرۈپ يەر بىلەن يەكسان قىلدى. يەتتە شەھەر موڭغۇللارغا ئىتائەت قىلىشتىن قۇتۇلدى.

موڭغۇللار ئۆزلىرىنى رۇسلاپ بۇ تەرەپكە ئەسكەر ئەۋەتىپ ئىنتىقام ئېلىش پۇرسىتى تاپقۇچە قونتەيجى ئۆلدى. ئورنىغا ئوغلى داباچى ئولتۇردى.

قونتەيجىنىڭ كىچىك خوتۇنىدىن بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، قوۋم-قېرىنداشلىرى كۆپ ئىدى. بۇلار كىچىك ئوغلىنى خان قىلماقچى بولۇپ داباچىغا قارشى چىقتى. ئوتتۇرىدا ئۇرۇش-جېدەل بولدى. دۆلەت ئەرباپلىرىمۇ ئىككىگە بۆلۈندى. ئەمما كىچىك ئوغلى تەرەپ تەڭ كېلەلمەي يېڭىلىپ قالدى. بۇلار ئامۇرسىنا دېگەن بىر موڭغۇلنى بېيجىڭغا ئەۋەتىپ، ئۇ ئارقىلىق خانغا: «موغۇلىستاننىڭ خانلىقى ماڭا تېگىشلىك ئىدى. ئەمما باشقا كىشى تارتىپ كەتتى. ماڭا ياردەم قىلىپ ئەسكەر بەرسىڭىز، موغۇلىستاننى خاقانى چىنغا تەۋە قىلاتتىم» دەپ ئەرز قىلدى. شۇ چاغدا كاڭشى خان بولۇپ، موغۇلىستاننى قولغا كىرگۈزۈشنى ئويلايتتى. شۇڭا، ئۇ ئامۇرسىنانىڭ ئەرزىگە ناھايىتى خۇش بولۇپ، نۇرغۇن چېرىك ئەۋەتتى. داباچى كاڭشىنىڭ چېرىكلىرىگە تەڭ كېلەلمەي، خەزىنە-دەپنە، مال-مۈلۈكلىرىدىن قولىغا چىققانلىرىنى ئېلىپ، 300 دەك تەييار تاپ ئەمەلدارلىرى بىلەن بىللە ئىلىدىن قېچىپ چىقتى ۋە قەيەرگە بېرىشنى بىلمەي بېشى قاتتى. شۇ چاغدا ئۇچتۇرپانغا قونتەيجىنىڭ پەرمانى بىلەن بەلگىلەنگەن خوجاسى بەگ دېگەن كىشى ھاكىم ئىدى. داباچى شۇنىڭدىن ۋاپا تەمە قىلىپ ئۇچتۇرپانغا كەلدى. خوجاسى بەگ ناھايىتى مەككار كىشى ئىدى. داباچىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىززەتلەپ ئالدىغا چىقتى ۋە داباچىنى ئوردىغا، ئۇنىڭ ئادەملىرىنى باشقا جايغا چۈشۈردى. كاتتا زىياپەت قىلىپ، زىياپەت ئۈستىدە داباچىنى ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى جاي-جايىدا تۇتۇپ باغلىدى. بۇ چاغدا «ئىلىغا خىتاي لەشكەرلىرى كېلىۋېتىپتۇ» دېگەن سۆز تارقالغانىدى. خوجاسى بەگ: «خىتاي چېرىكلىرىگە بۇنىڭدىن ياخشى سوۋغات بولمايدۇ» دەپ، داباچىنى ئادەملىرى بىلەن ئېلىپ يولغا چىقىپ تېكەسكە بارغاندا، كاڭشىخاننىڭ چېرىكلىرى بىلەن ئۇچراشتى. خوجاسى بەگ ۋەقەنى بىر-بىرلەپ بايان قىلدى. چېرىكلەرنىڭ باشلىقى: «ئەي خوجاسى، دەل ۋاقتىدا ناھايىتى ياخشى ئىش قىلىپسىز، داباچى ئۇلۇغ خاننىڭ چوڭ دۈشمىنى ئىدى. ئۆزىڭىز ئېلىپ بېرىپ قىلغان خىزمىتىڭىزنى ئۇلۇغ خانغا مەلۇم قىلىپ يېنىپ كېلىڭ» دەپ مەخسۇس خەت بىلەن ئادەم قوشۇپ بېيجىڭغا يولغا سالدى. خوجاسى بەگ بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن كاڭشى خان ۋاڭلىق مەنسەپ بېرىپ پەرمان چۈشۈردى. شۇنىڭدىن تارتىپ نەۋرىسى قادىر بەگكە كەلگۈچە ئەۋلادى ۋاڭ بولۇپ ئۆتتى.

كاڭشىنىڭ چېرىكلىرى ئىلىنى ئالغاندىن كېيىن يەتتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشتى. بۇ چاغدا يەتتە شەھەرگە ئىسھاق خوجىنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ئاپاق خوجىنىڭ ئەۋلادلىرى كېلىشەلمەي ئوتتۇرىدا ئاداۋەت بولۇپ، ئاپاق خوجىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسمائىلخان بىلەن ئىلىغا چىقىپ كەتكەنىدى. يەتتە شەھەر خەلقىمۇ ئىككىگە بۆلۈنۈپ بەزىلىرى ئىسھاق خوجىنىڭ ئەۋلادلىرىغا، بەزىلىرى ئاپاق خوجا ئەۋلادلىرىغا ئەگىشىپ كەتكەنىدى.

ئىلىنىڭ بەزى ئاتاقلىق كىشىلىرى كاڭشى خاننىڭ چېرىكلىرىگە: «قەشقەردىكى يۈسۈپ خوجا ناھايىتى تەدبىرلىك كىشى. ئىلىدا ئاپاق خوجىنىڭ ئەۋلادلىرى بار. شۇلاردىن بىرىنى خوجا ياساپ بىللە ئېلىپ بارمىساڭلار، يەتتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈشۈڭلار تەس بولىدۇ. خان چېرىكلىرى كۆپ زىيانغا ئۇچرايدۇ» دەپ مەسلىھەت كۆرسەتتى. بۇ مەسلىھەت كاڭشىنىڭ چېرىكلىرىگە ناھايىتى ياقتى. ئۇلار ئىلىدىكى ئاپاق خوجا ئەۋلادلىرىدىن بۇرھانىددىن خوجىنى خوجا قىلىپ تىكلەپ بىللە ئېلىپ ئاقسۇغا باردى. ئۇ يەردىن ئۈچتۇرپانغا ئۆتۈپ، ئۈچتۇرپاننىمۇ قولغا كىرگۈزدى. بۇ چاغدا قەشقەردىكى يۈسۈپ خوجا، ئوغلى سىدىق خوجىنى باش قىلىپ نۇرغۇن ئەسكەر بىلەن كاڭشىنىڭ چېرىكلىرىنى توسۇش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۈچتۇرپانغا ئەۋەتتى. ئۈچتۇرپاندا نۇرغۇن ئۇرۇش-جەڭلەر بولدى. ئاخىر يۈسۈپ خوجىنىڭ ئەسكەرلىرى يېڭىلىپ قەشقەرگە ياندى. شۇ چاغدا يۈسۈپ خوجا كېسەل ئىدى، ئەسكەرلىرى قايتىپ بارغۇچە ۋاپات بولدى. كاڭشى خاننىڭ چېرىكلىرى ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ قەشقەرنى ئالدى. ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ يەكەن، خوتەننىمۇ قولغا كىرگۈزدى. ئىسھاق خوجىنىڭ ياقۇپ خوجا باشلىق ئەۋلادلىرىنى ئۆلتۈرۈپ شېھىت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن يەتتە شەھەر خاقانى چىنگە تەۋە بولدى.

ھىجرىيىنىڭ 1281- يىلى  كۇچادا راشىددىن خوجا باش كۆتۈرۈپ چىقىپ كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلىپ قۇمۇلغىچە ئىسلام ھاكىمىيىتىنى تىكلىدى.

گەپنىڭ قىسقىسى، يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، ھىجرىيىنىڭ 1080- يىلى ئابدۇللاخان پادىشاھلىقنى ئوغلى يولۋاسخانغا تاپشۇرۇپ ھەرەمگە كەتكەنىدى. ئابدۇللاخاننىڭ قانچە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسمائىلخان تەختكە چىقىپ 12 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد ئىمىن خان ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھاكىمىيەت خوجىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. بۇلارنىڭمۇ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى ئېنىق ئەمەس. كاڭشى خاننىڭ چېرىكلىرى يەتتە شەھەرگە قاچان كەلدى؟ قانچە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى؟ بۇلارنىڭ ۋاقتىمۇ ئېنىق ئەمەس. ئەمما ئابدۇللاخاندىن كېيىن راشىددىن خوجا باش كۆتۈرۈپ چىققانغا قەدەر 200 يىل ئۆتۈپتۇ. مۇشۇ 200 يىل ئىچىدە ئۆتكەن خان-پادىشاھلارنىڭ تارىخى تېپىلمىدى.

ئابدۇللاھ خاندىن كېيىن خان ئەۋلادلىرى ۋە خوجىلارنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى تەخمىنەن 40 يىل، كۆپ بولسا 50 يىل بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، يەتتە شەھەرنى خاقانى چىن 150 ياكى 160 يىل سورىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھادىسىلەرنىڭ جەريانىنى، بولۇپ ئۆتكەن چوڭ بالا-قازا ۋەقەلەرنى بىلىدىغان، جاھاندىن خەۋىرى بار، تارىخ كىتابلىرىنى ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلغان زاماننىڭ بىرەر داناسى، دەۋرنىڭ بىرەر پازىل ئۆلىماسى تارىخ يازغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ تارىخ ۋىلايەت ھاكىملىرىنىڭ خەزىنە ياكى كۇتۇبخانىلىرىدا ساقلىنىپ، بىرەر ئۇرۇش، جېدەل يۈز بەرگەن پاراكەندىچىلىك ۋاقىتلىرىدا زايە بولۇپ كەتكەن بولۇشى ياكى خەلققە ئاشكارا بولماي، يېزىلغان جايدا يوشۇرۇن ساقلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

يەتتە شەھەر ھاكىمىيىتىنى خوجىلار تارتىۋالغاندىن كېيىن، خوجاملارنىڭ پىكرى-خىيالى دەرۋىشلىك بىلەن بولۇپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى بىلەن كارى بولمىدى. بىر قىسىم ھىيلىگەر، كۆز بۇيامچى، غەيۋەتچى ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئىخلاسمەن، ئىشەنچلىك كۆرسىتىپ خوجىلارغا يېقىن بولۇۋالدى. ئەمما تاشقىرىدا ھەر بىرى بىر «بۆرە» بولۇپ، خۇددى بۆرە قويغا ئېتىلغاندەك، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلكى، ھەتتا ھاياتىغا ھۇجۇم قىلىپ، خەلققە ھەددىدىن ئارتۇق زۇلۇم-جاپا قىلدى. خالايىق بۇلارغا «ئۇششاق»  دەپ ئات قويدى. ئاتا-بوۋىسىدىن تارتىپ خانىقادا ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىشانلىق قىلىپ ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن خوجىلار يۇرتنى ئىدارە قىلىش ئىشىنى، دۆلەت ۋە سىياسەت قائىدىلىرىنى بىلمەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنىڭ ھالى خاراب بولۇپ چىدىغۇچىلىكى قالمىدى.

بۇرۇندىن يۇرت سوراپ كەلگەن، خوجىلار دەۋرىدە خار بولۇپ، پۇقرا بولۇپ قالغان بىر نەچچە كىشى يىغىلىپ: «ئەزەلدىن يۇرتنى ئىدارە قىلغان، ھۆكۈمەت ئىشىنى بىلىدىغانلار چەتكە قېقىلىپ بولۇڭ-پۇچقاقتا قالدى. ھۆكۈمەت ئىشىنى بىلمەيدىغان، بۇلۇڭ-پۇچقاقتىكىلەر خان بولۇپ ھۆكۈمەت بېشىغا چىقتى. شۇڭا، يۇرت-خەلق خانىۋەيران بولدى. بىز بىر نەچچە ئادەم خاقانى چىننىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، ئەرز-ھال ئېيتىپ چېرىك تەلەپ قىلساق، ئەگەر چېرىك بەرسە، كېلىپ خوجىلاردىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ چىن خانلىقىغا تەۋە بولساق، شۇ چاغدا يۇرتىمىز ئاۋات، ئەۋلادلىرىمىز خاتىرجەم بولىدۇ» دەپ مەسلىھەتلەشتى. ئاندىن يەتتە كىشى كېپىشلىرىنى (كەشلىرىنى) تەتۈر كىيىشىپ يولغا چىقتى. خاقانى چىننىڭ چېگرا قاراۋۇللىرىدىن ئۆتۈپ، خان بىلەن كۆرۈشۈپ ئەرز-ھال ئېيتتى. خاقانى چىن بۇلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل كۆرۈپ ئۇلارغا نۇرغۇن چېرىك قوشۇپ بەردى. ئۇلار كېلىپ يەتتە شەھەرنى جەڭ قىلمايلا ئالدى. بۇ يەتتە كىشىنىڭ قىلغان خىزمىتىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاڭ، گۇڭ، بېلى، بەيسى قاتارلىق چوڭ مەنسەپلەرنى بېرىپ، بىردىن شەھەرگە ھاكىم قىلدى. يەنە ھەر بىرىگە يەر، سۇ  تەقسىم قىلىپ بېرىپ، بىر نەچچە ئۆيلۈكتىن دېھقاننى يانچى قىلىپ تەيىنلەپ بەرگەننىڭ ئۈستىگە، ھەر يىلى ھۆكۈمەت خەزىنىسىدىن يەنە نۇرغۇن كۈمۈش مائاش بېرىشنى بەلگىلىدى. خاقانى چىن ئۇششاقتالدا كاتتا بۇتخانا ياسىتىپ بۇ بەگلەرنىڭ بۇتلىرىنى ئورنىتىپ «بۇلار بولسا يەتتە شەھەرنىڭ ئىگىسى ۋە ئاسرىغۇچىسى، يەتتە شەھەر تەرەپكە ئۆتكەن ھەر قانداق بىر مەنسەپدار، بەگلەر بۇ بۇتخانىنى يوقلاپ ئۆتسۇن» دەپ پەرمان چۈشۈردى. شۇنىڭدىن تارتىپ ھاكىمىيەت مۇسۇلمانلار قولىغا ئۆتكۈچە بۇ بۇتخانا بار بولۇپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن ھەر قانداق مەنسەپدار ياكى پۇقرا، ئېلىپ ـ ساتارلارمۇ بۇتخانىغا بېرىپ، ھەتتا قونۇپ رەسمىيەت بويىچە قەغەز كۆيدۈرۈپ، باش ئۇرۇپ، مەدەت تىلەپ ئاندىن قايتىدىكەن، ئۇنداق قىلمىغانلار جازاغا تارتىلىدىكەن. بۇت قويۇلغان ئۆينى «ئۇلۇغ ئۆي» دەپ ئاتايتتى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنى بىز «ئۇلۇغ ئۆي» كىشىلىرىنىڭ ئەۋلادى دەپ ناھايىتى پەخىرلىنەتتى. قاچانكى ھاكىمىيەت مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتتى، شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ بەگلەرنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ يەنە پۇراقلىق كۇچىسىغا كىرىپ قالدى. ئارىدىن 14 يىل ئۆتكەندىن كېيىن خىتايلار كېلىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى. بۇ چاغدا يۇقىرىدا ئېيتىلغان يەتتە كىشىگە مەنسەپ، ھوقۇق ئىنئام قىلغان خاننىڭ ئوغلى خان ئىكەن. بۇ: «يەتتە شەھەردە مېنىڭ ئاتامغا خىزمەت قىلغان كىشىلەر بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆزى بارمۇ ياكى ئەۋلادلىرى بارمۇ؟ سۈرۈشتۈرۈپ ماڭا مەلۇم قىلىنسۇن» دەپ پەرمان چۈشۈردى. بۇلارمۇ ئاۋۋالقى خان بەرگەن يارلىقلىرىنى ساقلىغانىكەن. ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلىپ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ مەنسەپلىرىنى يەنە تاپتى. بۇرۇن خان تەرىپىدىن توختىتىلغان مائاشلىرىنى ئېلىپ تۇردى. ئۇلار ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ، خانغا تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ، ئاندىن ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن خۇشال-خۇرام قايتىپ كەلدى. لېكىن نەچچە يىل، نەچچە ئەۋلاد شۇ تەرىقىدە ئۆتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

خاقانى چىننىڭ چوڭلۇقى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى شۇنىڭدىن بىلىش لازىمكى، بىر قېتىم خىزمەت قىلىپ قويغان كىشى نەچچە ئەۋلاد مائاش ئېلىپ يەپ يېتىپتۇ.

تەڭرىم! سەن پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىسەن، بەندىلىرىڭنىڭ 50 60 يىل ئىچىدە بىرەر قېتىم قىلغان بەندىچىلىك ئىبادەتلىرىنى دەرگاھىڭدا قوبۇل قىلىپ، ئىلگىرى-ئاخىر قىلغان گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىپ بېھىشكە كىرىشنى نېسىپ قىلساڭ، سەن ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس. چۈنكى سەن بەندىلىرىڭنى ھەممىدىن بەك ئايىغۇچى ۋە ئاسرىغۇچى، كەرەملىك سېخىيسەن، كىشىلەرنىڭ تىلەك-ئارزۇلىرىنى ئىجابەت قىلغۇچىسەن، ئامىن!

 

 

2

 

جاھانگىر خوجىنىڭ يەتتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزگەنلىكى؛ مۇھەممەد ئەلىخان كېلىپ قەشقەرنى ئالغانلىقى؛ نۇرغۇن خىتاي چېرىكلىرى كېلىپ يەتتە شەھەرنى يەنە تارتىۋېلىپ، جاھانگىر خوجا باشلىق بىر مۇنچە مۇسۇلمانلارنى ئەسىر قىلىپ بېيجىڭغا ئېلىپ كەتكەنلىكى؛ مۇھەممەد ئەلىخا ئەلچى ئەۋەتىپ ئەسىرلەرنى خاقانى چىندىن مۇھەممەد ئەلىخان ئەلچى ئەۋەتىپ ئەسىرلەرنى خاقانى چىندىن تىلەپ قايتۇرۇپ كەلگەنلىكى

 

رىۋايەت قىلغۇچىلار ۋە خەۋەر بەرگۈچىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھىجرىيىنىڭ 1239- يىلى  شىرئەلىخاننىڭ ئوغلى ئۆمەرخان، ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئەلىخان (خۇدا رەھمەت قىلسۇن) قوقەن ۋە پەرغانە ۋىلايەتلىرىدە خانلىق تەختىگە چىقىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى. ھىجرىيىنىڭ 1248- يىلى  غا كەلگەندە، جاھانگىر خوجا قوقەنلىك ۋە قەشقەرلىك ئىخلاسمەنلىرىدىن بىر نەچچە مىڭ كىشىنى يىغىپ ئەگەشتۈرۈپ پەرغانىدىن قېچىپ چىقىپ، موغۇلىستان شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەرگە كەلدى. ئۇ قەشقەر ۋىلايىتىنى قولغا كىرگۈزۈپ خان بولۇش نىيىتىدە، شۇ چاغدا قەشقەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغان خىتاي چېرىكلىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ قورشىۋالدى. مۇھەممەد ئەلىخان بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ غەزىپى كېلىپ دۆلەت ئەربابلىرىنى يىغىپ مەسلىھەت قىلىشتى.

ئۇلار: «پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى خۇدا بىزگە ئاتا قىلىپ بەرگەن پادىشاھلىقنى ياخشى يۈرگۈزمەي سۇسلۇق ۋە بىخۇدلۇق قىلىش پادىشاھلىققا لايىق ئىش ئەمەس. بىر بۆلگۈنچى بىر نەچچە باشباشتاق ئادەملەرنى توپلاپ قەشقەرگە بېرىپ كاپىرلارنى قورشاپ ۋىلايەت ئېلىشنى دەۋا قىلىپ، خانلىق ناغرىسىنى چېلىپ، ئەسكەركەشلىك قىلماقچى بولۇپتۇ. بۇنىڭغا يول قويۇشقا بولمايدۇ. يەنە بىرى، جاھانگىر خوجا قەشقەرنى قولغا كىرگۈزسە، كاپىرلار نەچچە يىللاردىن بېرى يىغىپ توپلىغان خەزىنە، مال-مۈلۈكلەر باشباشتاق ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ زايە بولۇپ كېتىدۇ. خاقانى چىن بولسا چوڭ پادىشاھ. ئەگەر بېيجىڭدىن كاپىرلار يەنە كېلىپ قەشقەرنى بېسىۋالسا، ئۇلارغا خەزىنە، مال-مۈلۈك لازىم بولىدۇ ۋە ئىسلام ۋىلايىتىنىڭ خەزىنىلىرى تۈگەش ئېھتىمالى بار. ئەگەر خىتايلار كۈچلۈك كېلىپ، جاھانگىر خوجا يېڭىلىپ قالسا بىز تەرەپكە قېچىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا خاقانى چىن بىزگە گەپ-سۆز قىلماي قالمايدۇ. شۇڭا مەسلىھەتنىڭ ياخشىسى شۇكى، بىزمۇ قەشقەرگە ئەسكەر ئېلىپ بارايلى، غەلىبە قىلىپ شەھەرنى ئالالىساق، ناھايىتى ياخشى، ئەگەر ئالالمىساق، غازات-جەڭ قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئىگە بولىمىز» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلىخان 3000 ئەسكەر بىلەن قەشقەرگە كەلدى. جاھانگىر خوجا نەچچە مىڭ ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۆرۈشۈپ، پادىشاھلىق قائىدە-يوسۇنلىرى بويىچە تەزىم قىلىپ ئىززەت - ھۆرمىتى بىلەن بىر چوڭ باغقا چۈشۈردى. بۇ چاغدا قەشقەردىكى خىتاي چېرىكلىرى تۇرغان خىتاي شەھىرىمۇ يەرلىك ئاھالە تۇرىدىغان شەھەرنىڭ ئىچىدە ئىدى. ئەتىسى جاھانگىر خوجا قەشقەرنى قورشاش ئىشىنى مۇھەممەد ئەلىخانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، مۇھاسىرىگە قاتناشقان قەشقەرلىكلەرنى ياندۇرۇپ كەتتى. مۇھەممەد ئەلىخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن قوقەن ۋە ئەنجاندىن كەلگەن ئەسكەرلەر مۇھاسىرىنى كۈچەيتىپ خىتاي شەھىرىنىڭ سېپىلىنىڭ تۈۋىگە دورا كۆمۈپ ئوت ياقتى. بۇنىڭ بىلەن سېپىلنىڭ بىر تەرىپى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ كۈننىڭ نۇرىنى توسۇپ، ئالەمنى ئىس-تۈتەك بېسىپ، قاراڭغۇچىلىق بولدى. بۇ چاغدا باتۇر ئەسكەرلەر، خۇددى پەرۋانە ئۆزىنى ئوتقا ئۇرغاندەك، شەھەر سېپىلىغا ئۆزىنى ئاتتى. كاپىرلار «مۇسۇلمان ئەسكەرلىرى سېپىلنىڭ بۇزۇلغان يېرىدىن ھۇجۇم قىلغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ، يولنى توسۇپ قارشىلىقىنى كۈچەيتىپ، توپ-زەمبىرەكلەرنى ئاتتى. تاشقىرىدىن مۇھەممەد ئەلىخاننىڭ ئەسكەرلىرىمۇ توپ-زەمبىرەك ئاتتى. كاپىر ۋە مۇسۇلمانلار ئارىلىشىپ، بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ ناھايىتى قاتتىق جەڭ قىلىشتى. مۇسۇلمان ئەسكەرلەر سېپىلنىڭ ھەر تەرىپىگە شوتا قويۇپ، خۇددى دارۋازدەك سېپىلغا چىقتى. كاپىرلار مىلتىق، تاش، كېسەك ئېتىپ، ئوت تاشلاپ ئۇلارنى ئۈچ قېتىم سېپىلدىن قوغلاپ چۈشۈردى. جەڭ تۆتىنچى كۈنىگە قەدەم قويغاندا، مۇھەممەد ئەلىخان قارىسا، ئۆلۈك ۋە شېھىتلەرنىڭ جىقلىقى، يارىدار- زەخمىدارلارنىڭ كۆپلۈكىدىن سېپىلغا بارىدىغان يول قالماپتۇ. بۇنى كۆرۈپ مۇھەممەد ئەلىخاننىڭ دىلى ئېرىپ يىغلاپ كەتتى. يارىدارلارنى قوشۇن ئىچىگە ئېلىپ كەلدى. ئۆلۈكلەرنى ئاپاق خوجا مازىرىغا ئېلىپ چىقىپ دەپنە قىلدى. نائىلاجلىقتىن مۇھاسىرىدىن قولىنى تارتىپ، ئەسكەرلىرىگە ئارقىسىغا يېنىشقا بۇيرۇق بېرىپ، بىر ھەپتە ئارام ئالغاندىن كېيىن، مۇھاسىرە ئىشىنى جاھانگىر خوجىغا تاپشۇرۇپ ئۆزىنىڭ پايتەختى قوقەنگە قايتىپ كەتتى.

بىر ئايدىن كېيىن، ھەممە قىيىن ئىشلارنى ئاسان قىلغۇچى خۇدانىڭ رەھمىتى بىلەن جاھانگىر خوجا خىتاي چېرىكلىرى تۇرغان شەھەرنى تارتىۋالدى. بۇ غالىبىيەت خەۋىرىنى مۇھەممەد ئەلىخانغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئالاھىدە خەت يېزىپ، نۇرغۇن سوۋغا-سالاملارنى قوشۇپ ئىشەنچلىك خىزمەتچىلەرنى قوقەنگە ئەۋەتتى. شۇنداق قىلىپ جاھانگىر خوجا قەشقەر، يېڭىسار، يەكەن، مارالبېشىلارنى قولغا ئېلىپ، خوتەننى مۇھاسىرە قىلدى. ئاقسۇغا ئەۋەتكەن ئەسكەرلىرى ئاقسۇ دەرياسىنىڭ بويىغا يېتىپ بېرىپ بەزىلىرى دەريادىن ئۆتتى ۋە «ئەتە تاڭ ئاتقاندا ئاقسۇنى ئالىمىز» دەپ غەم تارتماي ئۇخلاشتى.

ئەمما، بۇ چاغدا ئىچكىرىدىن نۇرغۇن خىتاي چېرىكلىرى ياردەمگە چىقىپ ئاقسۇغا يېتىپ كەلگەنىدى. خىتاي چېرىكلىرى ئاقسۇ شەھىرىدىن چىقىپ بىرلا ھۇجۇم قىلىشى بىلەنلا جاھانگىر خوجىنىڭ ئەسكەرلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي ئارقىسىغا قاراپ قاچتى. نۇرغۇن خىتاي چېرىكلىرى ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ قەشقەر، يېڭىسار، يەكەننى يەنە بىر قېتىم تارتىۋالدى.

خىتاي چېرىكلىرىنىڭ سانىنى بەزىلەر 100 مىڭ، بەزىلەر 200 مىڭ دەپ پەرەز قىلىشىدۇ. بۇ چاغدا خاقانى چىننىڭ پايتەختىدە «داۋگۇاڭ» دېگەن ئادەم خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك خان ئىكەن. چېرىكلەرگە لازىملىق ئوق-دورا، قورال-ياراق، لازىمەتلىكلەرنى يۈكلىگەن ھارۋىدىن باشقا، ھۆل-يېغىن بولۇپ ئوتۇن تېپىلمىغاندا ئەسكەرلەرگە تاماق پىشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن 200 ھارۋىغا ياغدا قورۇلغان قوينىڭ مايىقىنى بېسىپ ماڭغۇزغانىكەن. بۇ ماياقلارنىڭ ئالدى قارا شەھەرگە، ئارقىسى تۇرپانغا كەلگەندە، يەتتە شەھەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قولغا كىرگۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئۇقۇپ، ماياقلارنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەنىكەن. چېرىكلەرنىڭ كۆپلۈكىنى ۋە خاقانى چىننىڭ كۈچلۈكلۈكىنى مۇشۇ ئىشلاردىن قىياس قىلىشقا بولىدۇ.

دېمەك، خىتاي چېرىكلىرىنىڭ باشلىقى ئاي جاڭجۈن دېگەن كىشى بولۇپ، كۇچالىق ئوسمان بەيسى بەگنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئازاقبەگ ئۇلارغا يول باشلاپ قەشقەرگە ئېلىپ باردى. جاھانگىر خوجا قېچىپ «ئالاي» دېگەن يەرگە بارغاندا، ئازاقبەگ ئارقىسىدىن قوغلاپ يېتىپ كەلدى. جاھانگىر خوجا ئىلاجسىزلىقتىن «قولۇمنى باغلاپ خىتاي چېرىكلىرىنىڭ باشلىقىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بار» دېدى. ئازاقبەگ «ئۆزلىرىنى باغلاش مېنىڭ ھەددىم ئەمەس» دەپ يىغلاپ تۇرۇپ ئۆزرە ئېيتتى. بۇ چاغدا جاھانگىر خوجا قول ياغلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ قولىنى ئۆزى باغلاپ «مۇشۇ ياغلىقنىڭ ئۇچىدىن تۇتۇپ ئېلىپ بارغىن» دېگەندە، ئازاقبەگ ماقۇل بولۇپ جاھانگىر خوجىنى ئاي جاڭجۈننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. جاڭجۈن «ئۇلۇغ خاقانى چىننىڭ دۈشمىنى جاھانگىرى خوجىنى ئازاقبەگ تۇتۇپ كەلدى» دېگەن مەزمۇندا ئېلان چىقىرىپ جاكارلىدى. ھەم «جاھانگىر خوجىنى بېيجىڭغا ئۆزۈڭ ئېلىپ بېرىپ، ئۇلۇغ خانغا كۆرسەتكەن خىزمىتىڭنى مەلۇم قىلىپ قايت» دەپ ئادەم قوشۇپ ئازاقبەگنى يولغا سالدى.

بەزى رىۋايەتلەردە، جاھانگىر خوجىنى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپ خانغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، خان جاھانگىر خوجىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغان، دېيىلىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە، بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن، خاننىڭ ھۇزۇرىغا بارغۇچىلىك ئۆز ئەجىلى بىلەن ۋاپات بولدى، دېيىلىدۇ.

ئىشەنچلىك رىۋايەت شۇكى، ئازاقبەگ جاھانگىر خوجىنى تۇتۇپ بېيجىڭغا ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، خاقانى چىن ئازاقبەگنىڭ ئۆزىگە «ۋاڭ»لىق، خوتۇنىغا «پۇجۇڭ»لۇق مەنسەپ بېرىپ، يىلىغا ئۆزىگە 24 يامبۇ، خوتۇنىغا 12 يامبۇ مائاش بەلگىلەپ پەرمان چۈشۈردى. ئازاقبەگدىن كېيىن ئوغلى ئەھمەد ۋاڭ بولدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەھمەدنىڭ ئوغلى ھامىت ۋاڭ بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئازاقبەگنىڭ ئەۋلادى ئەۋلادتىن ـ ئەۋلادقا ئۈزۈلمەي ۋاڭ بولۇپ، بەلگىلەنگەن مائاشنى ئېلىپ تۇردى. شۇ چاغدا ئازاقبەگ قەشقەرگە، ئوغلى ئەھمەد بەگ ئاقسۇغا ھاكىم بولغانىكەن.

خىتاي چېرىكلىرى جاھانگىر خوجا ۋاقتىدا قەشقەردە مەنسەپ تۇتقان ياكى خىزمەت قىلغان كىشىلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ تېپىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى، يەر-سۇ، مال-مۈلۈك، چارۋىلىرىنى ئولجا قىلىپ ئېلىپ كەتكەندىن تاشقىرى، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوغۇل-قىز، كىچىك بالىلارنى ئولجا ۋە ئەسىر قىلىپ، بۇ تەرىپى ئىلى، ئۇ تەرىپى لەنجۇغىچە ئېلىپ بېرىپ، خىتايلارنىڭ ئىشلىتىپ خىزمىتىگە سېلىشى ئۈچۈن تارقىتىپ بەردى. بۇ ئەھۋالنى پادىشاھ مۇھەممەد ئەلىخان (قەبرىسى نۇرغا تولسۇن) ئاڭلاپ، خاقانى چىنغا قوقەن خانلىقى نامىدىن ئەرزنامە يېزىپ، ئالىم بايۋەچچە باشلىق بىر نەچچە كىشىنى ئەلچى قىلىپ، نۇرغۇن سوۋغا-سالام، تارتۇق پىشكەشلەر بىلەن ئەۋەتتى. ئەرزنامىگە: «ئۇلۇغ خاقانى چىنغا تىغ تارتىپ قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى يوقىتىلدى. كىچىك بالىلار ۋە ئاجىز خوتۇن كىشىلەردىن ھېچقانداق يامانلىق ئۆتمىگەن، شۇڭا بۇلارنىڭ گۇناھىنى تىلەيمىز. يەنە بىرى، يەتتە شەھەردىكى ئەنجانلىق (ئۆزبېك) لارغا مەن ئاقساقال بەلگىلىسەم، بۇ ئاقساقال ھەمىشە تەكشۈرۈپ خەۋەردار بولۇپ تۇرسا، ئەگەر يەنە يامان ئادەملەر پەيدا بولۇپ قالسا، دەرھال تۇتۇپ ماڭا ئەۋەتىپ بەرسە جازاسىنى بەرسەم. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلۇغ خاننى ئاۋارە قىلىدىغان ئىش بولمىسا» دېگەن مەزمۇنلار يېزىلدى. ئەلچىلەر بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، ئەرزنامىنى ئىززەت-ئىكرام بىلەن خانغا سۇندى. خان قوبۇل قىلىپ، ئەسىر قىلىپ خىتايلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن قېرى-ياش قىز-جۇۋان، رەسىدە-نارەسىدە ھەممە كىشىنى ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇشنى تەستىقلاپ يارلىق چۈشۈردى. ھەممە جايدىكى ئەسىرلەرنى مەنزىلدىن-مەنزىلگە، ئۆتەڭدىن-ئۆتەڭگە ئات-ئۇلاغ، ئاش-تاماق بېرىپ ئۆز ۋەتىنىگە يولغا سالدى. مۇشۇ ئارىدا تۆت يىلدەك ۋاقىت ئۆتۈپ، بىر مۇنچە ئاياللارنى خىتايلار ئەمرىگە ئېلىپ بالا تاپقانىكەن. ئانىلىرى مۇشۇ بالىلارنىمۇ ئېلىپ بىللە قايتىپ كېلىشتى.

ئەسىر قىلىنغان كىشىلەر غېرىب-مۇساپىرلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئۆز ۋەتەنلىرىگە قايتىپ كەلگەنلىكىگە خۇش بولۇپ، چوڭ-كىچىك ھەممىسى «نازۇگۇم» دېگەن ناخشىنى ئىجاد قىلىپ، يول بويى بۇ ناخشىنى ناھايىتى مۇڭلۇق ئاۋاز بىلەن ئېيتىپ مېڭىپتۇ. يىراقتىكى خالايىقلار ناخشىنى ئاڭلاپ بۇلارنى كۆرگىلى كېلىشىپتۇ، چىداپ تۇرالماي يىغا-زار قىلىشىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ «نازۇگۇم» ناخشىسى ئەل ئارىسىغا تارقىلىپتۇ.

يەتتە شەھەردىكى ئەنجانلىق (ئۆزبېك) لار ئۈستىگە ئاقساقال بەلگىلەش شۇ چاغدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىجرا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

ئاخىر مۇھەممەد ئەلىخان بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ ئاخىرەتكە سەپەر قىلدى. ئورنىغا خۇدايارخان تەختكە چىقتى. بىر مۇنچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بىر قىسىم پۇقرالار ۋە توپىلاڭچىلار خۇدايارخاندىن يۈز ئۆرۈپ ئاكىسى مەللەخاننى تەختكە چىقاردى. خۇدايارخان بۇخاراغا قېچىپ كەتتى.

تۆت يىلدىن كېيىن موللا ئالىمقۇل دېگەن قىرغىزنىڭ پادىشاھ بولغۇسى كېلىپ، ئەتراپىغا بىر مۇنچە قىرغىز، قىپچاقلارنى توپلاپ ئىغۋا تېرىپ ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن مەللەخان ئۆلتۈرۈلدى. پەرغانە دۆلىتى كۈندىن-كۈنگە زاۋاللىققا يۈزلەندى.

ھىجرىيىنىڭ 1270- يىلى  تاشكەنت ھاكىمى قانائەت شاھ تاجىكنىڭ مەسلىھەتى بىلەن خۇدايارخاننى بۇخارادىن ئېلىپ كېلىپ ئىككىنچى قېتىم تەختكە ئولتۇرغۇزدى.

جاھانگىر خوجا دەۋرىدىن تا ھازىرغىچە قەشقەر، بەلكى يەتتە شەھەر خاقانى چىننىڭ قولىدا بولۇپ كەلدى. ئەمما شۇ ئارىدا ۋەلىخان تۆرەم كېلىپ قەشقەر شەھىرىنى قورشاپ مۇھاسىرىگە ئالدى. يېزا-سەھرالارنى ئۆزىگە قارىتىپ، يامان ئىش قىلغان، خەلقنى ئەزگەن زالىملارنى ئۆلتۈرۈپ، كاپىر ۋە زالىم مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىرىنى قوشۇپ ئارىلاش قىلىپ، ئالتە جايغا ئادەم كاللىسىدىن مۇنار قوپۇردى. رىۋايەت قىلغۇچىلار بۇ مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى ئون گەز كېلەتتى، دېيىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە نۇرغۇن خىتاي، قالماق چېرىكلىرى كېلىپ قەشقەرنى تارتىۋېلىپ ناھايىتى نۇرغۇن ئادەملەرنى قىرىپ ئۆلتۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن كاتتاخان تۆرەم، كىچىكخان تۆرەملەر كېلىپ قەشقەرنى ئۈچ ئاي قورشاپ ئالالماي، ئاخىر ئۆز جايلىرىغا قايتىپ كەتتى. بۇلارنىڭ قىسسە-ھېكايىلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلسام سۆزۈم ئۇزىراپ كېتىپ، ئەسلى مەقسەتتىن يىراقلىشىپ كېتەرمەنمىكىن دەپ، خاھىشىمنىڭ تىزگىنىنى مەقسەت يولىغا تارتتىم ۋە ئۇلارنىڭ قىسسىدىن قايتتىم.

 

 

3

 

خاقانى چىننىڭ قەدىم زاماندا مۇسۇلمان بولغانلىقى؛ تۇڭگانلارنىڭ خاقانى چىن مەملىكىتىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقى؛ خىتايلار بىلەن تۇڭگانلار ئوتتۇرىسىدا جېدەل-ماجىرا يۈز بېرىپ خاقانى چىن دۆلىتىگە زىيان-زەخمەت يەتكەنلىكى

 

ھىجرىيىنىڭ 1281- يىلى  (يىلان يىلى) مۇھەررەم ئېيىنىڭ بىرى، شەنبە كۈنى كېچىسى، كۇچادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەرلىك تۇڭگانلاردىن ماشۇر ئاخۇن، مالۇڭ، شەمسىدىن خەلىپىلەر باشلىق بىر مۇنچە تۇڭگانلار كۈجە-شاڭ كۆيدۈرۈپ، ئىسرىق يېقىپ ئىسيان كۆتۈردى. ئۇلار كۇچادا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغان خىتاي ئەمەلدارلار ۋە چېرىكلەرنى ئۆلتۈرۈپ خاقانى چىنغا بويسۇنۇشتىن باش تارتتى. ئالدى بىلەن تۇڭگانلارنىڭ چىنغا بويسۇنۇشتىن باش تارتقانلىقىغا باھانە بولغان بىرەر سەۋەب، بىرەر ئىشنى نەقىل قىلغۇچى ۋە رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ سۆزى بويىچە بۇ قەغەزگە يېزىشنى زۆرۈر تاپتىم. چۈنكى ھەر بىر ئادەم ھەر خىل ھېكايە ۋە رىۋايەت قىلىدۇ. بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ئىچىدە مەزمۇنى بىر-بىرىگە قارىمۇقارشى كېلىدىغانلىرىمۇ بار. شۇنىڭ ئىچىدىن ئىشەنچلىك، ئەقىلگە مۇۋاپىق، توغرىراقلىرىنى تاللاپ ئېلىپ تۆۋەندە بايان قىلدىم.

بۇرۇنقى زاماندا خاقانى چىندە ئادالەتلىك، پۇقراپەرۋەر «تاڭ ۋاڭ خان» دېگەن خان بولۇپ، بىر كېچىسى چۈشىدە، خاننىڭ ئوردىسىدا بىر ئەجدىھا پەيدا بولۇپ، ئوردىنىڭ تۈۋرۈكىگە يۆگىشىۋاپتۇ ۋە خاننى دەم تارتقىلى تۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا ئۈستىگە يېشىل چاپان كىيگەن، بېشىغا ئاق سەللە يۆگىگەن ھەيۋەتلىك بىر كىشى پەيدا بولۇپ، قولىدىكى ھاسا بىلەن ئەجدىھانى بىرنى ئۇرغانىكەن، ئەجدىھا ئىككى پارچە بولۇپ ئۆلۈپتۇ. خان چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى ۋەزىر ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنى چاقىرىپ، كېچىسى كۆرگەن چۈشىنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىپ تەبىرىنى سوراپتۇ. ۋەزىرلەردىن داناراق بىرى: «مۇشۇ كۈنلەردە قىبلە تەرەپتە خۇددى سىلى چۈشلىرىدە كۆرگەندەك بىر كىشى پەيدا بولۇپ، پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىۋاتقانمىش، چۈشلىرىدە كۆرگەنلىرى شۇ كىشى بولغايمىكىن، تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كېلىشكە كىشى ئەۋەتسەك» دەپتۇ. خان قوشۇلۇپ نۇرغۇن تاۋار-دۇردۇن، چاي، سوۋغا-سالاملارنى تەييارلاپ، ئەمەلدارلار ئىچىدىن قابىلىيەتلىك، ئىشەنچلىك بىر ئادەمنى باشلىق قىلىپ، نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈش، يول راسخوتى بېرىپ، تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ. بۇلار يۇرتمۇ يۇرت، شەھەرمۇ شەھەر ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، ئاخىر خان چۈشىدە كۆرگەن سۈپەتتىكى كىشىگە، يەنى ئاخىر زاماننىڭ پەيغەمبىرىگە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئۇچرىشىپ ۋەقەنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىپ، بۇ يەرگە كېلىشتىكى سەۋەب، مەقسەتلىرىنى ئېيتىپتۇ. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئاخىر زامان پەيغەمبىرى بىر پارچە خەت يېزىپ خاقانى چىندىن كەلگەن كىشىگە بېرىپ: «سىزگە رۇخسەت، ئەمدى قايتىپ كېتىڭ» دەپتۇ. بۇ كىشى: «مەن ئۆزلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كېتىشكە كەلگەنىدىم» دەپتۇ. ئاخىر زامان پەيغەمبىرى جاۋاب بېرىپ: «سىز مۇشۇ خەتنى ئېلىپ كېتىۋېرىڭ، يولدا ئاچماڭ. پادىشاھىڭىز ئۆز قولى بىلەن ئاچسۇن. شۇ چاغدا مەن ھازىر بولىمەن» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خاقانى چىندىن كەلگەن كىشىلەر قايتىپ بىر مۇنچە ۋاقىت يول يۈرۈپ بىر يەرگە كەلگەندە، شەيتان ئازدۇرۇپ خەتنى ئېچىپ كۆرۈشكە قىزىقتۇرۇپتۇ. ئاقىۋەت شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ خەتنى شۇنداق ئېچىشىغىلا خەتنىڭ ئىچىدىن ئاخىر زامان پەيغەمبىرى چىقىپ غايىپ بولۇپ كەتكەنلىكى شۇنداق روشەن كۆرۈنۈپتۇ. ئۇلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ناھايىتى پۇشايمان قىلىپتۇ، ئەمما ئورنىغا كەلمەپتۇ. خەتنى ئەسلىدىكىدەك يەملەپ، خاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ كۆرگەن-بىلگەن ۋەقەلىرىنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىپتۇ. خان خەتنى ئېچىپ كۆرسە بۇ خەت چىنچە (خەنزۇچە) يېزىلغانىكەن. خان ھەيران قېلىپ: «بۇ خەتنى كىم يازدى؟» دەپ سوراپتۇ.

خەتنى ئېلىپ كەلگەن كىشى: «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. دەرۋەقە بۇلار خەتنى كىمنىڭ يازغانلىقىنى كۆرمىگەنىدى. خان: «خەتنى كىم ئاچتى؟ راستىنى دېسەڭ، گۇناھىڭدىن ئۆتىمەن، يالغان ئېيتساڭ، ھەرگىز تىرىك قويمايمەن» دەپتۇ. خەتنى ئېلىپ كەلگەن كىشى ئىلاجسىزلىقتىن راستىنى ئېيتىشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. ئادالەتلىك پادىشاھ: «گۇناھىڭدىن ئۆتتۈم، ئەمما قىلغان گۇناھىڭ ئۈچۈن يەنە بېرىپ، يا ئۆزىنى تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەل، يا باشقىدىن خەت ئېلىپ كەل» دەپ ئەمر قىلىپ قايتا يولغا سېلىپتۇ. بۇلار يەنە بىر مۇنچە ۋاقىت يول مېڭىپ، مىڭبىر مۇشەققەتلەرنى تارتىپ يېتىپ بېرىپتۇ ۋە ئاخىر زامان پەيغەمبىرى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى كۆرۈپلا: «شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ خەتنى ئېچىپ، ئۆزۈڭگىمۇ قىلدىڭ، پادىشاھىڭغىمۇ قىلدىڭ» دەپتۇ ھەم «قاس»، «ۋەققاس»، «ئاس» ناملىق ئۈچ نەپەر ئۇلۇغ كىشىنى بەلگىلەپ، يەنە يەتتە كىشىنى ئۇلارغا ھەمراھ قىلىپ جەمئىي ئون كىشىنى خاقانى چىننىڭ ئەلچىلىرىگە قوشۇپ يولغا ساپتۇ. بۇلار يۇرتمۇ يۇرت، شەھەرمۇ شەھەر يول يۈرۈپ، دەشت-باياۋانلارنى كېزىپ، «جايۈگۇەن»گە يېتىپ كەلگەندە ئۈچ كىشىدىن بىرى ۋاپات بولۇپ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنىپتۇ، مازىرى ھېلىمۇ بار. جايۈگۇەندىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر كىشى ۋاپات بولۇپ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنىپتۇ. مازىرى ھېلىمۇ مەشھۇر.

خاقانى چىننىڭ ئەلچىلىرى «ۋەققاس» دېگەن كىشى بىلەن قوشۇلۇپ قالغان سەككىز كىشىنى ئېلىپ خاننىڭ پايتەختىگە يېقىن بارغاندا، خان ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئادەم ئەۋەتىپ ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن شەھەرگە ئېلىپ كېلىپ كۆرۈشۈپتۇ، ئەمما «مەن تەكلىپ قىلغان كىشىنىڭ ئۆزى كەلمەپتۇ» دەپ خاننىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپتۇ. ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇش-بولماسلىق ئۈستىدە ۋەزىرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپتۇ. خاننىڭ ئون ئىككى ۋەزىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇسۇلمان بولۇشقا قوشۇلۇپتۇ، بەزىلىرى قوشۇلماپتۇ، ئەمما خاننىڭ ئۆزى ۋەزىرلىرىدىن يوشۇرۇن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمانلىق شەرىپىگە ئىگە بولۇپتۇ.

كەلگەن سەككىز كىشىنىڭ تىلىنى چىن خەلقى بىلمەي، چىن خەلقىنىڭ تىلىنى بۇ سەككىز كىشى بىلمەي ناھايىتى تەڭلىكتە قاپتۇ. بۇ بىر نەچچە ئادەم بۇ يەردە غېرىبسىنىپ قاپتۇ. خان: «قەيەردىن بولمىسۇن، بۇلارنىڭ تىلىنى بىلىپ ئۈلپەت بولىدىغان ئادەم تېپىپ كېلىڭلار» دەپ پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. خاننىڭ ئىشەنچلىك بىر ئادىمى خىتاي خەلقىدىن 80 ئۆيلۈك كىشىنى ئېلىپ سەمەرقەنت دۆلىتىگە بېرىپتۇ. ئۇ يەردىن بۇ 80 ئۆيلۈك ئادەمگە 40 نەپەر مۇسۇلماننى تېگىشىپ ئېلىپ قايتىپ كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى سەككىز كىشى قوشۇلۇپ 48 نەپەر كىشى بولۇپتۇ.

سەمەرقەنت پادىشاھى ھېلىقى 80 ئۆيلۈك ئادەمگە كەڭرى بىر يايلاقنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ. بۇلار شۇ يەرلەردە ئولتۇراقلىشىپ كۈندىن كۈنگە ئەۋلادى كۆپىيىپتۇ. خىياي قىپچاقلىرى (تۇڭگانلار) شۇلارنىڭ ئەۋلادى، دەپ رىۋايەت قىلىشىدۇ.

يەنە بىر رىۋايەتتە، ئاخىر زامان پەيغەمبىرى مۇھەممەد مۇستەفا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاقتىدا سەمەرقەنت دۆلىتى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلمىغان، ئەمما شۇ چاغدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئاخىر زامان پەيغەمبىرىنىڭ شەرىئەتلىرىنى تەلتۆكۈس ئىجرا قىلىۋاتقان بىر ئۇلۇغ كىشى بار ئىكەن. تۇڭگانلار شۇ كىشىنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئاخىر زامان پەيغەمبىرىنىڭ ۋاقتىدىن تارتىپ بارلىققا كەلگەن، دېيىشىدۇ.

يەنە بىر رىۋايەتتە، پۈتۈن تۇڭگانلار يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن 48 نەپەر كىشىنىڭ ئەۋلادىدىن تارالغان، يۇرت-يۇرت، شەھەر-شەھەرلەردىكى خىتاي خەلقى يوشۇرۇن ھالدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، مۇسۇلمان بولغان. تۇڭگانلار ئىسلام دىنىنى تاشلاپ بالدۇرقى خىتاي دىنىغا قايتمىغان. شۇڭا تۇڭگانلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ، دېيىلىدۇ. ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگۈچى خۇدانىڭ ئۆزىدۇر.

بەخت-دۆلەتلىك خاقانى چىن مۇسۇلمانلىق شەرىپىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، «ھەر كىشى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولسىمۇ ئىختىيارى، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ دىن-يوسۇنلىرىدىن چىقمايمىز دەپ مۇسۇلمان بولمىسىمۇ ئىختىيارى» دەپ، يۇرت-يۇرتقا، شەھەر-شەھەرگە يارلىق چۈشۈرۈپتۇ.

خاقانى چىننىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان قائىدە-قانۇنى شۇنداق ئىدىكى، ئۆزىگە تەۋە پۇقرالىرى قايسى دىندا بولسا، ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق بولۇپ، ئۇلارنى ئۇ ياكى بۇ دىنغا تەكلىپ ۋە دەۋەت قىلمايتتى. ھەر كىم ئۆز دىن ۋە ئۆز مىللىتىدە مەھكەم تۇرۇپ يۈرۈۋەرسە بولاتتى.

خاقانى چىن ئۆز دۆلىتىگە كەلگەن مۇسۇلمان مۇساپىرلارنى رام قىلىش ئۈچۈن، بېيجىڭدا تۇرۇپ قېلىشقا كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپتۇ. نۇرغۇن يەرلىك ئەر-ئايال، ياش-قېرىلارنى يىغىپ ئۆز رەسىم-قائىدىسى بويىچە چوڭ ئويۇن-تاماشا ئۆتكۈزۈشكە يارلىق چۈشۈرۈپتۇ. مۇسۇلمانلارغا بولسا: «مۇشۇ ئويۇن-تاماشىغا كەلگەن چوڭ-كىچىك خوتۇن-قىزلاردىن قايسىسى سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارغا يارىسا، شۇنى سىلەرگە بۇيرۇپ بېرىمىز. سىلەرگە يارىغاننىڭ ئېرى ياكى بالىسى بولسىمۇ مەيلى» دەپتۇ.

مۇسۇلمانلار خاننىڭ ئەمرى بويىچە كۆڭلىگە يارىغاننى ۋە ئۆزى خالىغاننى تۇتۇپتۇ. ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ئەمرىگە ئېلىپ ئۆي تۇتۇپ ئولتۇراقلىشىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇلار «تۇڭگان» دەپ ئاتىلىپتۇ. لېكىن ئېرى بار ئايال، يېشى كىچىك قىزلارنى ئۆز ئەمرىگە ئالغانلىقىغا خىتاي پۇقرالار نارازى بولۇپ، «بۇلار سۇ خۇي خۇي ئىكەن» دەپتۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «يۈزى يوق» (يۈزسىز» دېگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن تارتىپ خىتايلار بىلەن تۇڭگانلار جېدەل-ماجىرا قىلشىپ قالسا «سۇ خۇي خۇي» دەپ دەشنام-ھاقارەت قىلىدىغان بولۇپتۇ. 50 خىتاي پۇقرانى بىر تۇڭگان بىلەن تەڭ كۆرۈپتۇ، بىر تۇڭگان 50 تۈرلۈك گۇناھ بىلەن جاۋابكارلىققا تارتماپتۇ. تۇڭگانلارنىڭ چوڭچىلىق قىلىپ، خىتايلارنى كۆزىگە ئىلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى تۇڭگانلارغا ئاشۇنداق يۈز-خاتىرە قىلغانلىقتىن بولغانىكەن.

خان بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىپتۇ. ئوغلى ئۇنىڭ ئورنىدا خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپتۇ. بىر نەچچە ئەۋلادقىچە ئىسلام دىنىنىڭ راۋاجى بىلەن ئۆتۈپتۇ. ئەمما ئاخىرىغا كېلىپ خان توغرا يولدىن ئېزىپ ئەسلىدىكى دىنىغا يېنىپ كېتىپتۇ. ۋەققاسمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ (مازىرى مەشھۇر). شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە يۈز يىل ئۆتكۈچە تۇڭگانلار ئەركىن ئۆتۈپتۇ. كېيىنكى چاغلاردا «شىنفۇ» دېگەن ۋىلايەتنىڭ كىچىكرەك شەھىرىدىكى تۇڭگانلار مەدرىسىگە ئوخشاش خانىقا بىنا قىلىپتۇ. بىر مۇنچە بىنام زېمىننى خاندىن سوراپ ئېلىپ، سۇ چىقىرىپ، تېرىلغۇ يەرلەرگە ئايلاندۇرۇپ خانىقاغا ۋەخپە قىلىپتۇ. ھوسۇلىنى شۇ مەدرىسىدە ئوقۇغان تالىپلارغا بېرىپتۇ. بۇ ۋەخپە يەرگە تېرىغان زىرائەتلەرگە خىتايلارنىڭ توڭگۇزلىرى كىرىپ چەيلەپ بۇزۇپتۇ. بىر نەچچە قېتىم ھەيدەپ چىقىرىپتۇ. جېدەل-ماجىرالارمۇ بولۇپتۇ. ئاخىر بۇغداينى خامان قىلىپ تېپىپ چەش قىلغاندا، يەنە توڭگۇزلار كىرىپ چەشنى يەپتۇ. توڭگۇزلارنىڭ ئىگىلىرى بىلەن تۇڭگانلار ماجىرا قىلىشىپ بىر-بىرىنى ئۇرۇپ يىقىتىپ قويۇپتۇ. توڭگۇز ئىگىلىرىگە يەنە بىر مۇنچە خىتايلار يار-يۆلەك بولۇپتۇ. تۇڭگانلارغا مەدرىسىدە ئوقۇۋاتقان تالىپ تۇڭگانلار يار-يۆلەك بولۇپ جېدەل چوڭىيىپتۇ. ۋەقەنى شەھەر باشلىقى ئاڭلاپ، جېدەلنى پەسەيتىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ كاتتىسىغا: «بۇ ۋەخپە يەرنى نەچچە يىلدىن بېرىپ تېرىپ ھوسۇلىنى ئالدى ئەمدى يەرنى خېنى-باجغا ھېسابلاپ ئېلىپ، سېتىپ پۇلىنى خەزىنىگە ئالساق» دەپ خەت يېزىپتۇ. ئادەم چىقىپ ئۆلچەپ نەرخ توختىتىۋاتقاندا مەدرىسىدىكى موللىلار ۋە تۇڭگانلار قوزغىلىپ چىقىپ، يەر ساتقىلى چىققان مەنسەپدار ۋە خىزمەتچىلەرنى قوغلاپ چىقىرىپتۇ. شەھەرگە يېتىپ كەلگەن ھامان شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنى ئېتىۋېلىپ، ئىككى ئوتتۇرىدا ئۇرۇش-جەڭ بولۇپتۇ. تۇڭگانلار گۇرۇھى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئىچىدە «ما فۇلۇڭ» دېگەن ئاتلىق بىر ئۆلىماسى بار ئىكەن. ئۇنى «خان»لىققا تەيىن قىلىشىپتۇ. تۇڭگانلار «چىڭ جۇفۇ» (كىنجاپ) دېگەن كاتتا بىر شەھەرنى بىنا قىلىپ، خاننى شۇ شەھەردە پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزۇپ، ھەر تەرەپكە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپتۇ.

بۇ چاغ خاقانى چىننىڭ مەملىكىتىگە ئىنگلىز ناسارالار تاجاۋۇز قىلىپ كېلىپ، بېرما ۋىلايىتى ۋە 72 شەھەرنى بېسىۋېلىپ ۋەيران قىلغان، بىر تەرەپتە «ۋۇ سۇڭگۇي چىن موزا» خانلىق تالىشىۋاتقان، بىر تەرەپتە تۇڭگانلار جېدەل چىقىرىۋاتقان ۋاقىت ئىكەن.

ئاقىۋەت تۇڭگانلار چىڭ جۇفۇدا تۇرالماي چەت ياقا يۇرتلارغا كېتىشنى مەسلىھەت قىلىشىپ، غەرب تەرەپكە يۈزلىنىپتۇ. بۇ ئىش خانغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن خان غەرب تەرەپتىكى ۋىلايەتلەرنىڭ باشلىقلىرىغا: «نۇرغۇن تۇڭگانلار نەسىھەت قىلساقمۇ ئۇنىماي، ئىتائىتىمدىن چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئەيىبى ۋە بىئەدەبلىكىدىن قورقۇپ تۇرالماي غەرب تەرەپكە ماڭدى. ئۇ تەرەپكە بارسا، شۇ ۋىلايەتلەردىكى تۇڭگانلارمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ، پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بار. مۇشۇ يارلىقنى كۆرگەندىن كېيىن، شەھەر-شەھەرلەردىكى تۇڭگانلارنى ئۆلتۈرۈپ ماڭا ئۇچۇرىنى بېرىڭلار»، دەپ يارلىق چۈشۈرۈپتۇ. ئىلىنىڭ جاڭجۈنى (گېنېرالى) بۇ يارلىقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ھەيران بولۇپ: «تۇڭگانلار نۇرغۇن خەلق، ئۇلارنىڭ خۇي-پەيلىمۇ باشقىچە بولۇپ قالدى. خاننىڭ يارلىقىنىڭ ئازراقلا پۇرىقىنى ئالسا، بىز ئاخشامدا يوقىتىمىز دېگۈچە، ئۇلار ئەتىگىنى قوزغىلىشى مۇمكىن. ئىچكىرىدىن كېلىدىغان تۇڭگانلارنىڭ مەنزىلى ئۇزۇن، ئۇنىڭغىچە تۇڭگانلارنى قىچقىرىپ كېلىپ، مۇلايىم سۆزلەر بىلەن پەند-نەسىھەت قىلىپ توختام تۈزۈشسەك، ئۇلارنىڭمۇ كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ پۇقرادارچىلىقىنى قىلىدۇ» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇڭگانلارنىڭ چوڭلىرىدىن بىر نەچچە كىشىنى قىچقىرىپ پەيمان، ۋەدە-توختاملار تۈزۈشۈپتۇ. لېكىن تۇڭگانلار خاتىرجەم بولالماي كېچىلىرى ئۇخلىماپتۇ. مازارلاردا تۈنەپ، نەزىر قىلىشىپتۇ. بىر ئايدا بىر قېتىم غۇسۇل-تەرەت قىلمايدىغانلىرىمۇ ھەر كۈنى نەچچە قېتىم غۇسۇل تەرەت قىلىپ كۈندىن كۈنگە غەم-ئەندىشىسى كۆپىيىپ كېتىپتۇ.

جاڭجۈن تۇڭگانلارنىڭ خۇي-پەيلىگە قاراپ خاننىڭ يارلىقىنى ئىجرا قىلماقچى بولۇپ، شەھەر-شەھەرنىڭ ئامباللىرىغا: «پالانى كۈنى پالانى سائەتتە تۇڭگان تائىپىسىنى قەتلىئام قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ.

ئۈرۈمچىدە سۇ دالويە دېگەن تۇڭگان خىتايلار ئىچىدە مەنسەپدار بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئۆتەڭدە كاتىپ ئىكەن. بۇ كاتىپ قەتلىئام قىلىش بۇيرۇقىنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولۇپ دادىسىغا خەۋەر بېرىپتۇ. دادىسى شەھەر-شەھەرلەردىكى تۇڭگانلارنىڭ چوڭلىرىغا جاڭجۈننىڭ بۇيرۇقىنىڭ مەزمۇنىنى مەلۇم قىلىپ خەت ئەۋەتىپ، جاڭجۈننىڭ بۇيرۇقىنى بېسىپ قويۇپتۇ. سۇ دالويىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىش بىلەن تەڭ كۇچادىكى تۇڭگانلار بۇزۇلۇپ، خىتايلار ئولتۇراقلاشقان جايغا ئوت قويۇپ خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپتۇ.

خاقانى چىننىڭ دۆلىتىگە زىيان-زەخمەت يەتكەنلىكىنىڭ يەنە بىر سەۋەبلىرى ھەققىدە مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:

داۋگۇاڭ خاننىڭ خانلىق زامانىدا خاقانى چىن مەملىكىتى ناھايىتى تىنچ، ئاۋات، مەمۇرچىلىق بولغانىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن شەنفېڭ خان تەختكە چىققاندىن كېيىن زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپتۇ. پەرەڭلەر  نۇرغۇن شەھەرلەرنى ئېلىپ، تاراچ-پاراچ قىلىپ خوجايىن بولۇۋاپتۇ. يەنە بىز تەرەپتىن، قارا خىتايلار خانلىق تالىشىپ خاقاندىن يۈز ئۆرۈپ، جەڭ-جېدەل توختىماپتۇ. تۇڭگانلار ئۆز ئىچىدىن خان تەيىنلەپ خاقانى چىنغا بويسۇنماپتۇ. ئەتراپتىكى قوشنا پادىشاھلارمۇ ھەر بىرى بىر تۈرلۈك سۆز پەيدا قىلىپ خاقانى چىننى ئارامىدا قويماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خاقانى چىن مەملىكىتى ۋە ئۇنىڭ پۇقرا-خەلقلىرىنىڭ بېشى تىنچ ۋە خاتىرجەم بولماپتۇ.

خاقانى چىن بۇ تەرەپتىكى شەھەرلەرنى كۇۋەي (قاپقىنىڭ سىرتى) دەپ ئاتايدىكەن. يۇقىرىقىدەك پاراكەندىچىلىك بىلەن كۇۋەيدىن خەۋەر ئالالماپتۇ، بەلكى كۇۋەيگە تەۋە يۇرتلاردىكى مەنسەپدار-چېرىكلەرگە: «بۇندىن كېيىن كۇلياڭ يەنى تەمىنات ئەۋەتمەيمەن. نەچچە يىللاردىن بېرى خەزىنىدىن تەمىنات ئەۋەتىپ بېرىپ، نۇرغۇن خەزىنىلەرنى سەرپ ئېتىپ كۇۋەيدىكى مەنسەپدار-چېرىكلەرنى باقتىم. ئەمما خەزىنىگە ھېچقانداق مەنپەئەت-پايدا يەتمىدى. كۇۋەينى تاشلاپ قايتىپ كېلىڭلار» دەپ يارلىق چۈشۈرۈپتۇ. ئەمما بۇ تەرەپتىكى خىتايلارنىڭ چوڭى جاڭجۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ چوڭى قۇمۇل ۋاڭى ئەھمەت ۋاڭ بەگ قاتارلىق كاتتا مەنسەپدارلار مەسلىھەت قىلىشىپ خانغا: «بۇ تەرەپتىكى شەھەرلەرگە ئۇلۇغ خاننىڭ خەزىنىسىدىن تەمىنات كەلمىسىمۇ، كان تېپىپ ئۆز كۈچىمىز بىلەن ئالتۇن، كۈمۈش، مىس كولاپ چېرىكلەرنى باقىمىز. بىز ئاتا-بوۋا ئەجدادلىرىمىزدىن تارتىپ ئۇلۇغ خاننىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، دۆلىتىنى كۆرگەن. يارلىققا ئەمەل قىلىپ كۇۋەينى تاشلاپ كەتسەك، ئۇلۇغ خاقانى چىننىڭ شەنىگە ئوبدان بولماسمىكىن» دەپ خەت يېزىپتۇ. خەتكە يەنە خاننى ماقۇل دېگۈزىدىغان بىر مۇنچە سۆزلەر كىرگۈزۈلۈپتۇ. ئەرزنى خاقانى چىن كۆرۈپ: «جۇنلى (تەستىقلىدىم) ئۇنداق بولسا، ئۆزۈڭلار كان تېپىپ چېرىكلەرنى بېقىڭلار. ئۇششاق پۇقرالارغا جەبىر-زۇلۇم بولىدىغان ئىشنى زادى قىلماڭلار»، دەپ يارلىق چۈشۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شەھەر-شەھەرلەردىكى مەنسەپدارلار پۇقرالارنى ھاشاركەشلىككە ئېلىپ بېرىپ تاغمۇتاغ، دەشتمۇدەشت كان ئىزدەپ، تاغ باغرىلىرىنى چاشقان تەشكەندەك ئۆتمىتۆشۈك قىلىۋەتتى. ئەمما كان تاپالمىدى. تاپسىمۇ پۇقرالارغا ناھايىتى جەبىر-جاپا بولۇپ كەتتى، ئىشلىگەنلەرگە ھەق بېرىلمىدى. ئېچىلغان كانلارمۇ كېيىن تاشلىنىپ كەتتى. نەچچە تۈرلۈك باج پەيدا بولدى، پۇقرالاردىن «تۇز پۇلى» دەپ پۇل ئېلىندى. ھەر ئايدا يەنە ئادەم بېشىغا «چوقا پۇلى» دەپ پۇل ئېلىندى.

گەپنىڭ قىسقىسى، ئالۋان-ياساق كۆپىيىپ تىنچلىق ۋە ئاراملىق يوقالدى. پۇلى بار كىشىلەر خىتايلارغا ۋە كاتتا بەگلەرگە پارا بېرىپ ئۇلارنىڭ ھىمايىسىگە كىردى. پۈتۈن ئالۋان-ياساق پۇلى يوق، غېرىب-بىچارىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. ئۇلار كۆتۈرەلمەي يەر-سۇ، ئۆي-سەرەمجان، ئات-ئۇلاغلىرىنى خىتايلارغا گۆرۈ قويۇپ، كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا سېغىنىپ يىغا-زارە قىلىشتى.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە شەھەردىكى چېرىكلەر داقا-دۇمباقلىرىنى چېلىشىپ مەنسەپدارلارنىڭ ئىشىكىگە كېلىپ: «بىزلەرنىڭ مائاش تەمىناتلىرىمىزنى بەرسۇن! بولمىسا يۇرتىمىزغا قايتىپ كېتىمىز ياكى مەنسەپدارلارنىڭ ئۆيلىرىنى بۇلاپ-تالايمىز» دەپ غەلۋە قىلدى. مەنسەپدارلار غەمگە چۈشۈپ ئۆزىدىن قورقۇپ «ھەر قانداق پۇلى بار ئادەم كۈمۈش پۇل سوۋغات قىلسا مەنسەپ بېرىمىز» دەپ بازار-گۈزەرلەرگە ئېلان چاپلىدى. بۇنى كۆرۈپ بەزى بېخىل، تۇراقسىز ئادەملەر مەنسەپ تەمە قىلىپ پۇل بېرىپ ئەمەل تاپتى. پۇقرالار زۇلۇم-جاپا تارتتى. ھەر قانداق نامى-نىشانى يوق، ئوغرى-قىمارۋاز، سەرگەردانلار بولسىمۇ پۇل بەرسە ئۇنىڭغا مەنسەپ بېرىلدى. پۇقراغا ۋابال بولىدىغانلىقى مەنسەپدارلارنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىدى. جەبىر-زۇلۇم كۈندىن-كۈنگە زىيادە بولدى. خىتاي مەنسەپدارلارغا ئەرز بېرىلسە: «چەنتۇ (يەرلىق خەلق ئۇيغۇر) نىڭ ئىشىنى ھاكىمبەگ بىلىدۇ» دەپ سورىمىدى ۋە ئۆز مەقسەتلىرى بويىچە ئۆزى خالىغاننى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم قورقۇپ ئەرز بەرمىدى. تۇڭچى-تىلماچلار دەللالغا ئوخشاش، مەنسەپنى سودىلىشىپ باھا قويۇپ، كۈمۈش پۇلغا ئاشكارا ساتىدىغان بولدى. بۇرۇندىن تارتىپ خاقاننىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئاتا-بوۋا ئەجدادلىرىدىن تارتىپ يۇرت سوراپ ئابرۇي تاپقان بەگ ۋە بەگزادىلەر خار بولۇپ ئېتىبارسىز قالدى.

يەنە مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: يەكەنگە ئەپرىدۇن ۋاڭ بەگ ھاكىم، بېلى مۇھەممەد ئىمىن ۋاڭ بەگ ئىشىكئاغا ئىدى. بىر گۇناھ قويۇپ ئەپرىدۇن ۋاڭنى يەكەننىڭ ھاكىملىقىدىن ئېلىۋېتىپ، خوتەنلىك رۇستەمبەگدىن 2000 يامبۇ ئېلىپ يەكەنگە ھاكىم قىلدى. رۇستەمبەگ دېگەن مۇھەممەد ئىمىن ۋاڭنىڭ ئالدىدا قول قوشتۇرۇپ، يۈگۈرۈپ يۈرۈپ خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچى ئورنىدىكى ئادەم ئىدى. ئۇنى پۇل بەردى دەپ ۋاڭنىڭ ئۈستىگە ھاكىم قىلىپ، ۋاڭنى ئىشىكئاغىلىق مەنسەپكە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىغا مۇھەممەد ئىمىن ۋاڭ نومۇس قىلىپ: «مۇنداق تىرىكلىكتىن ئۆلگىنىم مىڭ ياخشى» دەپ ئۆزىنى ھالاك قىلدى.

كۇچالىق ئازاقبەگ ۋە ئەھمەت ۋاڭ بەگلەرنىڭ ئالدىدا خىزمەتكار بولۇپ كەلگەن كۇچالىق قۇتلۇقبەگ قەشقەرگە ھاكىم بولدى. ئىنىسى سايىتبەگ 1500 يامبۇ بېرىپ ئاقسۇغا ھاكىم بولدى. بۇرۇنقى بەگلەر بىكار بولدى. بىكار پۇقرالار بەگ بولۇپ يۇرت سورىدى، ياخشى پەزىلەتلىك كىشىلەرنى كۆزىگە ئىلمىدى، پۇقرالارنىڭ كۆز يېشىدىن ئېھتىيات قىلماي، «ئۇۋال بولار» دېگەننى يادىغا كەلتۈرمىدى، مەنسەپ ئارزۇ-ھەۋىسى ۋە بەرگەن پۇل-كۈمۈشلىرىنى ئۈندۈرۈۋېلىشنىڭ غېمىدىن باشقىسىنى خىيالىغا كەلتۈرمىدى. كۆرۈنۈشتە ئۇلۇغ خانغا خىزمەت قىلىپ، چېرىكلىرىنى بېقىپ يۇرتقا ئىگىدارچىلىق قىلغاندەك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ بىخ-يىلتىزىنى كېسىپ قۇرۇتۇشقا سەۋەب بولدى. پەزىلەتلىك ياخشى كىشىلەر، بەگزادە، ئېسىل ئادەملەر چەتكە چىقىپ بۇلۇڭ-پۇچقاقتا قالدى. ئاجىز پۇقرالارنى ئاتىنى بالىغا، بالىنى ئاتىغا قوشماي ئالۋان-ياساق، ھاشارغا ھەيدىدى. ئاجىز پۇقرالارنىڭ چىدىغۇچىلىكى قالماي، پۇلنىڭ ۋە جاننىڭ ئاچچىقىدىن تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا سېغىنىپ كۆزلىرىدىن قەترە-قەترە، بەلكى دەريا-دەريا ياش ئاققۇزدى. بۇنداق ئاچچىق ياش دۆلەت دەرىخىنىڭ يىلتىزىغا تەسىر قىلىپ، بۇ دەرەخنىڭ قۇرۇشىغا سەۋەب بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنغا بارماي خىتاي مەنسەپدارلىرى ۋە يۇرتنىڭ ھاكىملىرى زاۋال تېپىپ يەر بىلەن يەكسان بولدى. مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ ئېيتقانلىرى يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھ بولالايدۇ.

 

مەسنەۋى

 

تا دىلى مەردى خۇدا نايەد بەدەرد،

ھېچ مەردىرا خۇدا رەسۋانىكەرد*.

 

دېگەندەك، دىلى ئاگاھ، غەپلەتتە ئەمەس بىرەر كىشىنىڭ سەھەر قوپۇپ قىلغان نالە-پەريادى، ئاھۇ زارى ھەممىگە كۈچى يەتكۈچى، رەھىم-شەپقەتلىك ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ دەرگاھىدا ئىجابەت بولغان بولۇشى مۇمكىن. پۈتۈن ئالەمنىڭ تەڭرىسى ئۆز كۈچ-قۇدرىتى بىلەن «پادىشاھلىقنىڭ تاجىنى خالىسا بىراۋغا بېرىدۇ، خالىسا بىراۋدىن ئالىدۇ» دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە، ئۆزىگە خاس سۈپىتىنى ئاشكارا قىلغانلىقتىن، بۇ موغۇلىستان شەھەرلىرى نام-نىشانسىز مۇسۇلمان ۋە تۇڭگانلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن.

توختالغۇسى يوق، ۋاپاسىز پەلەك ئۆزىنىڭ رەڭۋازلىقىنى ئىشقا سېلىپ، ھەمىشە بىر گۇرۇھ كىشىلەرنى پەس ۋە خار قىلسا، يەنە بىر گۇرۇھ كىشىلەرنى ئۈستۈن ۋە ئەزىز قىلىدۇ. ئاقىل ۋە دانا كىشىلەر بۇنداق ئاجايىپ ئىشلاردىن تەجرىبە ھاسىل قىلىپ، چوڭقۇر نەزەرلىرى بىلەن قاراپ، ئىبرەت ئېلىپ، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ كۆز يېشىدىن ئېھتىيات قىلىپ، ئاجىز بىچارىلەرنىڭ ھال-ئەھۋالىغا يېتىپ، ئادالەت بىلەن ئىش قىلسا، ئۇلۇغ تەڭرى ئۇنداق كىشىلەرگە كاتتا ئەجىر بېرىدۇ، كىشىلەرمۇ ئۇلارنى چىرايلىق نام، ياخشى سۈپەت بىلەن ماختايدۇ. «ئادىللىق بىلەن قىلىنغان بىر سائەتلىك ئىش پۈتۈن ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئىبادىتىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق، ئىبادەتنىڭ مۇشۇنداق ئۇلۇغ، كاتتا ساۋابىغا پەقەت پادىشاھ، ھاكىم، يۇرت چوڭلىرىلا مۇيەسسەر بولالايدۇ؛ باشقىلارنىڭ مۇيەسسەر بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇلۇغ تەڭرىم! ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن پادىشاھ، ھاكىم، يۇرت چوڭلىرىغا ئىنساپ ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە ئادالەتنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، زۇلۇمنىڭ دەرۋازىسىنى ياپقىن. ئىككى ئالەم پەيغەمبىرىنىڭ ھەققى- ھۆرمىتى ئۈچۈن، ئامىن!

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

بىرىنچى داستان

 

 

 

 

 

 

1

 

 

ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ رەھىم-شەپقىتى بىلەن ئىسلام قۇياشى كوچا شەھىرىنىڭ ئۈستىدە نۇر چاچقانلىقى؛ راشىدىن خوجىنىڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ غەرب ۋە شەرق تەرەپلەرگە لەشكەر ماڭدۇرغانلىقى ۋە شۇ ئارىدا بولغان ۋەقەلەر

 

پۈتۈن ئالەمنى ياراتقان ھېكمەتلىك ۋە مەغپىرەتلىك ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ قۇدرىتى، پاك-خاسىيەتلىك ئەرۋاھلارنىڭ مەدەت ۋە ياردىمى بىلەن قەدىمدىن بۇ ئالتە شەھەرگە مۇسۇلمان خانلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەنىدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن 140 ياكى 150 يىلچە بېيجىڭ خانلىرىغا تەۋە بولدى. بۇ چاغلاردا پۇقرالار يۇرتنىڭ ئالۋان-ياساقلىرى دەستىدىن خار-زار، زالىم خىتاي مەنسەپدارلىرى ۋە بەگلەرنىڭ جەبىر-زۇلمىدىن خانىۋەيران بولۇپ، چىدىغۇچىلىكى قالمىدى. پۇقرالار زار-زار يىغلاپ تەڭرىگە سېغىنىپ مۇسۇلمانلارنىڭ نىجاتلىقى، كاپىرلارنىڭ زاۋاللىقىنى تىلەپ دۇئا ۋە ئىلتىجا بىلەن تۇرغان بىر ۋاقىتتا، كۇچادىكى تۇڭگانلار خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەك ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىپ، شەھەرگە ئوت قويۇپ، خىتايلارنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشكە كىرىشتى. ئېليار بەگ باشلىق بىر مۇنچە دەردمەن مۇسۇلمانلارمۇ تۇڭگانلارغا قوشۇلۇپ يار-يۆلەكتە بولدى.

مۇسۇلمانلار ۋە تۇڭگانلار بىر دىل-بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئامبال ۋە چېرىكلەرنىڭ يامۇلىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئوت قويۇپ، تاڭ ئاتقۇچە نۇرغۇن كاپىرلارنى يوقاتتى. كۈن چىقىشى بىلەن تەڭ خىتاي مەنسەپدارلىرى بىر مۇنچە چېرىكلەرنى توپلاپ تاقابىل تۇرۇپ سوقۇشقان بولسىمۇ، تەڭ كېلەلمەي مەغلۇپ بولدى ۋە ئاخىر قېچىشقا مەجبۇر بولدى.

مۇسۇلمانلار ۋە تۇڭگانلار ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ غەلىبە قازاندى. بۇ دەل ھىجرىيىنىڭ 1281- يىلى، يىلان يىلى، مۇھەررەم ئېيىنىڭ بىرى، شەنبە كېچىسى بولۇپ، يەكەننىڭ بۇرۇنقى ھاكىمى ئەھمەت ۋاڭ بىرەر جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن خاننىڭ پەرمانى بىلەن ھاكىملىقتىن ئايرىلىپ ئەسلى يۇرتى بولغان كوچا شەھىرىگە كېلىپ تۇرۇۋاتقان ۋاقىت ئىدى.

مۇسۇلمان ۋە تۇڭگانلار يىغىلىپ ئەھمەت ۋاڭغا ئىلتىماس قىلىپ: «سىلى ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ يۇرت سوراپ كەلگەن. ھۆكۈمدارلىقنىڭ قائىدىسى، سىياسەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئۇسۇلى ئۆزلىرىگە مەلۇم. بىزگە باش بولۇپ ئاتىدارچىلىق قىلىپ، ھاكىمىيەت ئورنىدا ئولتۇرۇپ بەرسىلە، بىزلەر جان-تېنىمىز بىلەن خىزمەتلىرىنى قىلىپ، بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، ئۆزلىرىنى خان ئورنىدا كۆرىمىز» دېيىشتى. ئەھمەت ۋاڭ بولسا: «سىلەر ئاز، خىتايلار ناھايىتى كۆپ، ئۇلارغا تەڭ كەلگىلى بولمايدۇ. مېنىڭ ئاتا-بوۋام ئۇلۇغ خاننىڭ خىزمىتىنى قىلىپ چوڭ مەنسەپكە ئېرىشكەن، خان نۇرغۇن يەر-سۇلارنى ئىلتىپات قىلىپ بېرىپ، ئەۋلادىمدىن- ئەۋلادىمغىچە بەھرىمەن بولۇشۇمغا پەرمان بەرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خاننى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. ئاتا-بوۋا، ئەجدادىمدىن تارتىپ خاننىڭ دۆلىتىنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، ئەمدى يۈز ئۆرۈپ تۇزكورلۇق قىلمايمەن. خان دىنسىز كاپىر بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۇز ھەققىگە ھۆرمەت قىلىش پەرز، دەپ قارايمەن. مەن قېرىدىم، يېشىم 70كە يەتتى. كۆرىدىغان دۆلەتنى كۆرۈپ بولدۇم. كىمنى باش قىلساڭلار قىلىڭلار، مەن باش بولمايمەن»، دېدى.

بۇنى ئاڭلىغان خالايىقنىڭ ھەممىسى غۇلغۇلا قىلىشىپ، ئەھمەت ۋاڭنى ئۆيىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ، كۇچانىڭ ھاكىمى مۇھەممەد قۇربانبەگ باشلىق سەككىز بەگنى قوشۇپ ئۆلتۈرۈپ، مال-مۈلكىنى تالان-تاراج قىلدى.

كۇچادىكى مەۋلانا ئەرشىددىن ۋەلىينىڭ مازىرىدا ئىنسانىي ھەۋەسلەردىن كېچىپ، دەرۋىشلىك يولىغا كىرىپ، دۇئا-تەلەپ بىلەن ياتقان مۇسۇلمان ۋە تۇڭگانلارنىڭ ئىشەنچ ۋە ئىخلاسىغا ئىگە بولغان راشىددىن خوجا دېگەن بىر كىشى بار ئىدى. بۇلار بۇ كىشىنى ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ چىقىپ: «بۇرۇندىن تارتىپ بىزگە پېشۋا بولغان، ھېلىمۇ باشلامچى بولۇپ خانلىق ماقامىدا ئولتۇرۇپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ بەرسىلە» دەپ، پادىشاھلىق قائىدىسى بويىچە ئاق كىگىزگە ئولتۇرغۇزۇپ كۆتۈرۈپ خانلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزدى ۋە توختى ئىشىكئاغا بەگنى ۋەزىر قىلدى. ھەممە كىشى پەرمانغا بويسۇندى.

بۇ ۋەقە بولۇپ ئىككىنچى كۈنى، راشىددىن خوجا بۇرھانىددىن خوجام (مەشھۇر بولغان ئىسمى خېتىپ خوجام) نى ئەسكەرلەرگە باش (قوماندان) قىلىپ، بايلىق موللا ئوسمان ئاخۇنۇمنى ئەسكەرلەرگە قازى قىلىپ، بۇرھانىددىن خوجىنىڭ كىچىك ئوغلى مەھمۇدىن خوجىنى قوشۇپ، 150 ئەسكەر، 40 نەپەر تۇڭگان ئەسكەر بىلەن سەككىز دانە زەمبىرەكنى بېرىپ غەرب تەرەپكە يۈرۈش قىلىشنى بۇيرۇدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر قانچە ئون يىللاردىن بېرى مۇسۇلمانلار دىنسىز كاپىرلار ۋە ئەزگۈچى زالىم بەگلەرنىڭ قولىدا خار-زار بولۇپ، ئەرلەر خوتۇنلىرىدىن، بالىلار ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، قۇل ئورنىدا جاپا چەكتى. ئۇلار خاھى يېمەك-ئىچمەكنىڭ لەززىتىنى، خاھى كىيىم-كېچەكنىڭ راھىتىنى كۆرمەي، ئالۋانكەشلىك بىلەن ئۆمرىنى ئۆتكۈزدى.

رەھىم-شەپقەتلىك تەڭرى بىز مۇسۇلمانلارغا يار-يۆلەك بولۇپ، ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇشقا كۈچ-قۇدرەت بەردى. كاپىرلارنىڭ بېشىدا قىلىچ ئوينىتىپ نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا ئۇزاتتۇق، كاپىرلارغا ياردەم بەرگەن كىشىمۇ كاپىر بولىدۇ دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق، زالىم بەگلەرنىمۇ يوقاتتۇق. بۇنىڭ شۈكرانىسى ئۈچۈن جېنىمىز چىقىپ كەتكۈچە، قالغان ئۆمرىمىزنى غازات يولىغا سەرپ قىلىشىمىز لازىم ۋە زۆرۈر. ئەھمىيەتلىك غازاتلارنى قىلىش پەرزدۇر، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى ۋە كەسپىدۇر.

خۇداۋەندە كېرىم ئۆزىگە خاس ھېكمىتى بىلەن بىر مەزگىل مۇسۇلمانلارنى كاپىرلارنىڭ قول ئاستىدا مەھكۇم قىلغان بولسا، ھازىر يەنە ئۆز قۇدرىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلىپ، دىنسىز كاپىرلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى.

ئۇلۇغ تەڭرىم پادىشاھلىقنىڭ تاجىنى خالىسا بىراۋغا بېرىدۇ، خالىسا بىراۋدىن ئالىدۇ دېگەن ھېكمەتلىك سۈپىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. گەپنىڭ قىسقىسى، سايرام ۋە باينى ئېلىپ، بىر مۇنچە ئەسكەر توپلاپ ئاقسۇغا بېرىڭلار، ئۇ تەرەپتە مۇسۇلمان تولا، كاپىر ئاز، سىلەر بارغۇچە (يەرلىك) مۇسۇلمانلار بىلەن تۇڭگانلار بىرلىشىپ، كاپىرلارنى يوقىتىپ ئالدىڭلارغا چىقىشى مۇمكىن. مۇبادا كاپىرلار قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئىككى ئوتتۇرىدا جەڭ-ئۇرۇش بولۇپ قالسا، دىنسىزلار قەيەردە بولسا، شۇ يەردە ئۆلتۈرۈڭلار دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا لايىق، ئىككىلەنمەي تىغ تارتىپ يوقىتىڭلار. چۈنكى جەننەت قىلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا. بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى جارى بولسۇن. ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن، خوتەنلەرنى قولغا كىرگۈزۈشنىڭ ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، قوقەن ۋە بۇخارانىڭ پادىشاھلىرى دوستلۇق رەسىم-يوسۇنىنى بەجا كەلتۈرۈپ، بىزگە تەۋە بولىدىغانلىق ئىشەنچىنى بىلدۈرسە ناھايىتى ياخشى. ئۇنداق قىلمىسا، دەرھال ياردەم ئەۋەتىمىز. بارلىق كۈچۈڭلار بىلەن غەرب تەرەپتىكى يۇرتلارنى بويسۇندۇرۇڭلار! مەملىكەت ۋە ھۆكۈمەتدارلىق ئىشىنىڭ پۈتۈن ئىختىيارىنى سىلەرگە بەردىم» دەپ ئەمر قىلدى. راشىددىن خوجا يەنە ئىسھاق خوجىنى باش (قوماندان) قىلىپ سىدىق دادخاھ، مەمۇر باتۇر، توختى مۇھەممەت يۈز بېشىلارنى قوشۇپ 180 يەرلىك مۇسۇلمان ئەسكەر، 50 نەپەر تۇڭگان ئەسكەر بىلەن 12 دانە زەمبىرەكنى بېرىپ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇرھانىددىن خوجامغا بەرگەن بۇيرۇقنى قايتا-قايتا چۈشەندۈرۈپ، شۇ بويىچە ئىش قىلىشنى تاپىلاپ، دۇئا-تەكبىر بىلەن شەرق تەرەپكە يولغا سالدى.

 

راشىددىن خوجىنىڭ نەسەبى

 

راشىددىن خوجا نىزامىددىن خوجىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى. نىزامىددىن خوجا بولسا مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ نەۋرىسى. مەۋلانا ئەرشىددىن بولسا مەۋلانا جالالىددىن كەتىكىنىڭ ئوغلى. مەۋلانا جالالىدىن كەتىكى خوجا ئەبۇ ھاپىز كەبىر بۇخارىنىڭ ئەۋلادى ئىدى.

چىڭگىزخان ھۇجۇم قىلىپ كېلىپ بۇخارانى ئالغان چاغدا، خوجا ھاپىز كەبىر بۇخارىنى شېھىت قىلىپ، بالا-چاقا، ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىنى كەتىك شەھىرىگە پالىغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەتتە ياكى سەككىز ئەۋلاد ئۆتۈپ، مەۋلانا جالالىدىننىڭ ۋاقتىغا كەلگەندە، كەتىك شەھىرى تەڭرىنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولۇپ، ئاسماندىن ياغقان قۇم بالاسىنىڭ ئاستىدا قالدى. مەۋلانا جالالىددىن تەڭرىنىڭ ئىلھامى بىلەن كېچىچە ئۇخلىماي بىر نەچچە مۇرىت ۋە مۇخلىسلىرى بىلەن يول يۈرۈپ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئايكۆل دېگەن يېرىگە كەلدى. بۇ چاغدا ئاقسۇغا تۇغلۇق تېمۇر خان بولۇپ، ئۇ 16 17 ياشتا ئىدى. مەۋلانا جالالىددىن تۇغلۇق تېمۇر بىلەن كۆرۈشۈپ بىر مۇنچە ۋەز-نەسىھەت قىلدى. تۇغلۇق تېمۇر تەسىرلىنىپ: «سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز قۇلىقىمغا تولىمۇ ئوبدان ئاڭلاندى. ئىلىغا قايتىپ بېرىپ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغىنىمدىن كېيىن قېشىمغا بېرىڭ، شۇ چاغدا سىزنىڭ دىنىڭىزغا كىرىمەن. ھازىر قېشىمدا كاتتا سەركەردىلىرىم يوق. ئەلنىڭ تولىسى ئۇ تەرەپتە قالدى. بۇ يەردە دىنغا كىرگىنىم ياخشى بولمايدۇ» دەپ ھەدىيە-ئىنئام بېرىپ ياندۇردى.

تۇغلۇق تېمۇر چىڭگىزخاننىڭ يەتتىنچى ئەۋلاد نەۋرىسى ئىدى. مەۋلانا جالالىددىن ۋاقىت چىقىرىپ ئىلىغا بارغۇچە ئەجەل پۇرسەت بەرمەي ئاقسۇدا ۋاپات بولدى ۋە ئايكۆل يېزىسىغا دەپنە قىلىندى. مەۋلانا جالالىددىن ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئوغلى مەۋلانا ئەرىشددىنگە: «مەن بىر چىراغقا پىلىك سېلىپ، ياغ قۇيۇپ تەييار قىلغانىدىم. ئەمما ئوت يېقىپ ياندۇرۇش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولالمىدىم. مېنىڭدىن كېيىن سەن ياندۇرساڭ، بۇ چىراغ پۈتۈن شەرقنى يورۇتسا ئەجەب ئەمەس» دەپ ۋەسىيەت قىلغانىدى. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئەمەل قىلىپ ئىلىغا بېرىپ تۇغلۇق تېمۇر بىلەن كۆرۈشتى. «ئاتىڭىز قېنى؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «ئاتام ۋاپات بولدى. مەن ئاتامنىڭ ۋەسىيىتىگە ئەمەل قىلىپ ھۇزۇرىڭىزغا كەلدىم»، دېدى. تۇغلۇق تېمۇر قوبۇل تۇتۇپ مۇسۇلمان بولدى. يېنىدىكى ئېل بىكە باشلىق سەركەردە-قوماندانلىرىنى بىر-بىرلەپ چاقىرىپ كىرىپ، نەسىھەت قىلىپ مۇسۇلمان قىلدى. شۇ چاغدا 70 مىڭدىن ئوشۇق موڭغۇل مۇسۇلمان بولغان دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.

بۇ چاغدا ھىجرىيىنىڭ 756- يىلى  بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن موڭغۇللار ئارىسىغا ئىسلام دىنى تارقىلىشقا باشلىدى. تۇغلۇق تېمۇر مەۋلانا ئەرىشددىنگە: «قايسى شەھەرنى خالىسىڭىز شۇ يەردە تۇرۇڭ» دەپ يارلىق قىلدى. مەۋلانا ئەرشىددىن كۇچاغا بېرىپ تۇرۇشنى ئىختىيار قىلدى. تۇغلۇق تېمۇر رۇخسەت قىلىپ، ئۈچ ئېرىق سۇنى ھەدىيە قىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەۋلانا ئەرشىددىن كۇچاغا بېرىپ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ تۇرۇپ قالدى. ئاخىر ئەجەل شارابىنى ئىچكەندىن كېيىن كۇچاغا دەپنە قىلىندى. مازىرى مەشھۇردۇر.

نىزامىددىن خوجىنىڭ بىرىنچى ئوغلى نەزرىددىن خوجا، ئىككىنچى ئوغلى جامالىددىن خوجا، بەشىنچى ئوغلى پەخرىددىن خوجا ئىدى. جامالىددىن خوجا ئاقسۇغا ھاكىم بولۇپ شۇ يەردە ۋاپات بولدى. راشىددىن خوجا ۋە قالغان ئاكا-ئۇكا بولۇپ تۆت خوجا ئاتىلىق غازى (ياقۇپبەگ) نىڭ قولىدا يوق قىلىندى. بۇرھانىددىن خوجا، ئىسھاق خوجىلارمۇ نىزامىددىن خوجىنىڭ بىر تۇغقىنى ۋە تاغىلىرىنىڭ پەرزەنتى ئىدى.

 

 

2

 

سەيىد خېتىپ خوجام (بۇرھانىددىن خوجا) كۆز نۇرى مەھمۇدىن خوجا بىلەن ئاقسۇ شەھىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يۈرۈش قىلىپ، مەقسىتىگە يېتەلمەي ئارقىسىغا يانغانلىقى ۋە نۇرغۇن مۇسۇلمانلار قۇربان بولۇپ شېھىتلىق شارابىنى ئىچكەنلىكى

 

مۇھەببەتلىك بۇرادەرلىرىمىزگە مەلۇم بولسۇنكى، راشددىن خوجام بۇرھانىددىن خوجىنى غەرب تەرەپكە يۈرۈش قىلىشقا ئەمر قىلغاندىن كېيىن، بۇرھانىددىن خوجا خوشلىشىپ كۇچادىن چىقىپ، قىزىل يېزىسىغا كېلىپ چۈشتى. ئۇ يەردىن سايرامغا كېلىپ، تۆت كىشىنى دارغا ئاستى، بايغا كېلىپ ئىككى كۈن تۇرۇپ ئالتە ئادەمنى دارغا ئاستى، بۇلار پىتنە-پاسات بىلەن يامان يوللاردا يۈرگەن ئادەملەر ئىدى، شۇڭا جازاسىنى تارتتى. راشىددىن خوجام ئەكرەم شاھ ئەلەمنى سايرامغا، موللا ئاپاق ئەلەمنى بايغا ھاكىم قىلدى، ئۇ يەردىن چىقىپ ياقا ئېرىققا كەلدى، روزى تۆرە دېگەن كىشىنى 50 ئەسكەرگە باش قىلىپ: «مۇز داۋاننىڭ يولىنى بۇزۇپ، ئۆتەڭ-قورۇللاردىكى خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ، چارشەنبە كۈنى جامغا يېتىپ كېلىڭلار. بىز بۇ تەرەپتىن، سىلەر ئۇ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ، جامدا يىڭفاڭ (گازارما) ساقلاپ ياتقان خىتايلارنى يوقىتىمىز» دەپ يولغا سالدى.

سايرام ۋە باي ئەتراپىدىكى ئادەملەر ھەممىسى دېگۈدەك قارا كالتەك بولۇپ يۇقىرى ئاۋازدا «ئاللاھ-ئاللاھ» دەپ تەكبىر ئېيتىشىپ: «بىزمۇ ئاقسۇغا بېرىپ، جەبىر-زۇلۇم قىلغان كاپىرلاردىن ئىنتىقامىمىزنى ئېلىپ، ھايات قالساق غازىلىق دەرىجىسىنى تاپىمىز، ئەجىلىمىز يەتسە شېھىتلىك شەربىتىنى ئىچىپ جەننەتكە سازاۋەر بولىمىز» دەپ ئاتا بالىغا، بالا ئاتىغا قارىماي، بەزىلىرى پىيادە، بەزىلىرى ئاتلىق، ئوزۇق-تالقانلىرىنى ئېلىپ بۇرھانىددىن خوجىنىڭ تۇغ-ئەلەملىرىگە ئەگىشىپ يولغا چىقتى. بۇرھانىددىن خوجا بىر قانچە قېتىم: «سىلەر ئۈچۈن غازاتنى بىز قىلايلى، قايتىپ كېتىڭلار» دەپ نەسىھەت قىلسا، ئۇلار: «جەبىر-زۇلۇمغا چىدىغۇچىلىكىمىز قالمىدى. مۇنداق ياشىغۇچە، يا جان بېرىمىز، يا جان ئالىمىز» دەپ يىغلىشىپ ئۇنىمىدى. بۇلارنى 7000 كىشى دەپ تەخمىن قىلىشقا بولاتتى.

بىرەر پادىشاھ، بىرەر ھاكىمنىڭ پۇقرالىرىغا قىلغان جەبىر-زۇلۇملىرى ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە، پۇقرالار شېرىن جانلىرىدىن كېچىپ، تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا كۆز ياشلىرىنى تۆھپە قىلىپ، چىن دىلى بىلەن يىغلىسا، ئىنتىقام ئېلىپ بەرگۈچى تەڭرىنىڭ رەھىمى كېلىپ، بىچارە-ئاجىز، قورال-ياراقسىز بەندىلىرىنى كۈچلۈك پادىشاھلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئۇلارغا پادىشاھلىق تەختىنى ئاتا قىلىپ، ئۇلۇغ، سەلتەنەتلىك پادىشاھلىقنىڭ دەرىجە مەرتىۋىلىرىنى بەرسە، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن چاغلاپ، تەكەببۇرلۇق قىلغان زالىم پادىشاھلارنى قەرزى-غەزەپ بىلەن مەغلۇپ قىلىپ توزۇتۇۋەتسە تەڭرىنىڭ دەرگاھىدا ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس. چۈنكى، ئالەمنىڭ ئىگىسى ھەممە ئىشقا كۈچى يەتكۈچى، ھەممە ئىشقا قادىردۇر. «تەڭرى خالىغان ھەممە ئىش بولىدۇ، ئەمر قىلغان ئىش بولماي قالمايدۇ، بۇ ھەممىگە كۈچى يەتكۈچىدۇر» دېگەن ئايەت بۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ.

 

نەزم

 

گاداينى شاھ ئېتەردىن يوق ھەر ئاسان،

ئاڭا شاھنى گاداي قىلماق ھەم ئاسان.

 

بۇرھانىددىن خوجا ئەسكەرلىرى بىلەن ياقا ئېرىقتىن ئاتلىنىپ ناماز بامدات ۋاقتىدا قارا يۇلغۇنغا كېلىپ بىر نەچچە خىتاي قورۇلچىسىنى تۇتۇپ سولىدى. ئەتىسى جامىغا بېرىشقا بەلگىلەنگەن كۈن ئىدى. تاڭ ئاتقاندا يولغا چىقىمىز دەپ تۇرۇشىغا، ھاۋا بۇزۇلۇپ يامغۇر ياغدى ۋە شىۋىرغان چىقتى. بۇرھانىددىن خوجا باشلىق ئەمەلدارلار ئۆيگە كىرىپ ئۇخلىدى. ئەسكەرلەرمۇ دەرەخ ياكى تامنىڭ دالدىسىنى پاناھ قىلىپ ئېگەر-جابدۇقلىرىنى بېشىغا قويۇپ غەم-ئەندىشىسىز ئۇيقۇغا كەتتى. شۇ ھالەتتە ئاقسۇنىڭ ھاكىمى سايىتبەگ باشلىق جامدىكى نۇرغۇن خىتاي چېرىكلىرى بېسىپ كېلىپ زەمبىرەك ئاتقاندىن كېيىنلا ئويغىنىشتى، قارىسا دۈشمەن چېرىكلىرى قورشاپ بولۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان ئەسكەرلىرىگە قورقۇش-ئالاقزادىلىك چۈشۈپ، ئۈلگۈرگەنلىرى ئاتلىرىنى ئېگەرلەپ مىندى، ئۈلگۈرمىگەنلىرى ياۋىداق مىندى، ھەتتا بەزىلىرى پىيادە ئارقىلىرىغا يېنىپ قاچتى. خىتاي چېرىكلىرى چاپ-چاپ قىلىپ نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى شېھىت قىلدى. بۇلارنىڭ «ئەجەل شارابىنى ئىچسەكمۇ مەيلى» دېگەن ئارزۇ-ھەۋەسلىرى تەڭرىنى دەرگاھىدا قوبۇل بولغان بولۇشى مۇمكىن. ۋاپات بولغانلارنى 2900دىن كۆپرەك دەپ مۆلچەرلەشتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان ئەسكەرلەر پاراكەندە بولۇپ چېچىلىپ كەتتى. ئەسكەرلەرنىڭ قازىسى موللا ئوسمان ئاخۇنۇم ئەسىر چۈشتى. بۇرھانىددىن خوجا قاتارلىقلار كۇچاغا قاراپ قاچتى.

ئاقسۇنىڭ ھاكىمى سايىتبەگ ئۇلارنى تۇتۇۋالىمىز دەپ ئارقىسىدىن قوغلاپ ئالتە پوتەي يەرگە بارغاندا، خىتاي چېرىكلىرىنىڭ باشلىقى: «قاچقان دۈشمەننى قوغلاش قائىدە ئەمەس، ئارقىسىغا يانسۇن» دەپ خەۋەر ئەۋەتتى. شۇ ئارىدا «روزى تۆرە جامنى بېسىۋاپتۇ» دېگەن خەۋەر كەلدى. خىتاي ئەسكەرلىرى بۇ يامان خەۋەرنى ئاڭلاپ جامغا كەلسە، روزى تۆرە ۋەدە قىلىشقان ۋاقىتتا كېلىپ جامدا گازارما ساقلايدىغان، ئات باقىدىغان، جەڭگە بارمىغان خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ، جامنى قولغا كىرگۈزۈپ بولغان. بۇ چاغدا «خىتاي چېرىكلىرى قارا يۇلغۇندا بۇرھانىددىن خوجىنى مەغلۇپ قىلىپ قاچۇرۇپ، مۇسۇلمان ئەسكەرلىرىنىڭ بەزىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، بەزىلىرىنى ئەسىر قىلىپ يېنىپ كېلىۋاتىدۇ» دېگەن شۇم خەۋەر تارقالدى. روزى تۆرە بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەندىشىگە چۈشۈپ، جامنى تاشلاپ قاچتى. ئۆستەڭ بويىغا كەلگەندە ئۇنى تۇتۇۋېلىپ خىتايلارغا تاپشۇردى. خىتايلار ئۇنى شېھىت قىلدى.

بۇ يەردە شۇنى ئېيتپ ئۆتمەكچىمەن، خاقانى چىننىڭ چوڭلۇقى پۈتۈن يەر يۈزىگە قۇياشتەك ئايدىڭ. كوچا دېگەن كىچىك بىر شەھەردىن مۇسۇلمانلار باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، سايرام، بايغا ئوخشاش كىچىك بازار-ئۆتەڭنى قولغا كىرگۈزۈپلا خۇددى خاقانى چىندەك كاتتا ئىقلىم ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندەك بولۇپ كەتتى. ئۇلار غەم-ئەندىشىسىز، بۇرھانىددىن خوجا بىر مەپىگە، ئوسمان ئاخۇنۇم بىر مەپىگە چۈشۈپ، قونالغۇغا كەلگەندە خۇشال-خۇرام كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىپ يېتىپ ئۇخلاپ، ئەسكەرلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماي، دۈشمەننىڭ خەۋپ-خەتىرىدىن ئەندىشە قىلمىغانلىقتىن نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

 

نەزم

 

قادالسا بىر تىكەن، يا چۈشسە بىر قىل،

ئىرادىسىز ئەمەس ھېچ ئىش يېقىن بىل.

 

ھەر قانداق ئىش ۋە ھەر قانداق ھادىسە، مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك بولسۇن، تەقدىر ئىرادىدىن تاشقىرى بولمايدۇ.

گەپنىڭ قىسقىسى شۇكى، ئاقسۇنىڭ ھاكىمى سايىتبەگ مۇندىن بۇرۇن قازى ئەسكەر موللا ئوسمان ئاخۇنۇمغا شاگىرت بولغانىكەن. شۇ سەۋەبتىن سايىتبەگ خىتاي مەنسەپدارلىرىغا: «موللا ئوسمان ئاخۇنۇمنى ئۆلتۈرمەي، نەزەربەند قىلساق، كېيىنچە نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قوزغىلاڭ قىلدىڭلار، دەپ سوراق قىلغىلى لازىم بولىدۇ» دەپ ئەقىل كۆرسەتتى. مەنسەپدارلار قوبۇل كۆرۈپ تۈرمىگە تاشلاپ، بىر نەچچە چېرىكنى ساقلىغىلى قويدى.

بۇرھانىددىن خوجا ساددا كۆڭۈل، رەھىمدىل، تەجرىبىسى كەم ئادەم ئىدى. كۇچاغا قېچىپ بارغاندىن كېيىن، خىجالەتچىلىكتىن زادى بېشىنى كۆتۈرەلمەي، ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، قايتىدىن ئەسكەر توپلاپ ھۇجۇم قىلىپ كېلىپ ئاقسۇ شەھىرىنى ئالدى.

«موللا ئوسمان ئاخۇنۇم سايىتبەگ تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىپتۇ» دېگەن گەپ-سۆزلەر تارقالغانىدى. ئەمما، ئاقسۇ پەتھ قىلىنغاندىن كېيىن، ئەسكەرلەر خىتايلارنى قوغلاپ بىر ئۆيگە كىرسە موللا مۇسا ئاخۇنۇمنىڭ پۇتىدا كىشەن، بوينىدا تاقاق، زەنجىر بىلەن سولاقلىق تۇرۇپتۇ. موللا ئوسمان ئاخۇنۇمنى بۇرھانىددىن خوجا ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ، كىشەن-زەنجىرنى چېقىپ ئازاد قىلدى. موللا ئوسمان ئاخۇنۇم پىتنە-مالامەتتىنمۇ قۇتۇلدى.

موللا مۇسا ئاخۇنۇمنى ساقلىغان خىتايلار شەھەر قولدىن كەتكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن بەزىلىرى ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى. باشقىلىرىمۇ ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللاردا ئۆلۈپتۇ. موللا ئوسمان ئاخۇنۇمغا ھەرگىز دەخلى يەتكۈزمەپتۇ. چۈنكى ئۇلار چوڭلىرىنىڭ سۆزلىرىنى قولاقلىرىدا ناھايىتى مەھكەم تۇتىدىكەن. نېمىلا بولمىسۇن، ئۇلار بىر مۇسۇلمان دۈشمەننى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن مەن ئۆلەي دېمەپتۇ.

 

 

3

 

ئىككىنچى قېتىمدا جامالىددىن خوجىنىڭ ئاقسۇغا ئاتلانغانلىقى ۋە ئاقسۇنى پەتھ قىلىپ مەقسىتى ھاسىل بولغانلىقى

 

شۇ چاغدا كۇچادا تەرتىپ-ئىنتىزام ئورنىتىلىپ، راشىددىن خوجا پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، قامىتىگە ھۆكۈمرانلىق لىباسلىرىنى كىيىپ، بېشىغا پادىشاھلىق تاجىنى كىيىپ، ھەر قايسى يۇرت، يېزا-كەنتلەرگە، چوڭ-كىچىك پۇقرالارغا «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەۋلادى، غالىب، يېڭىلمەس راشىددىن خان غازى خوجا» دېگەن نام-ئۇنۋان بىلەن يارلىق يۈرگۈزگەنىدى. شۇ ھالەتتە بۇرھانىددىن خوجىنىڭ قارا يۇلغۇندا زەربە يەپ قېچىپ كەلگەنلىك يامان خەۋىرىنى ئاڭلاپ غەزىپى ئۆرلىدى. بىر نەچچە بىگۇناھ كىشىلەرنى سىياسەت يۈزىسىدىن دارغا ئېسىشقا بۇيرۇپ ئاچچىقىنى پەسەيتتى. ھەممە چوڭ-كىچىك پۇقرالار قورقۇنچتىن ئىتائەت قىلىپ بويسۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.

راشىددىن خوجا ئاكىسى جامالىددىن خوجىنى لەشكەركەشلىكتە، سىياسەت يۈرگۈزۈشتە، پۇقرالارنى ئىدارە قىلىشتا قابىلىيىتى بار دەپ بىلىپ، «بىر مۇنچە توپ-زەمبىرەك بىلەن 800 ئەسكەرنى باشلاپ ئاقسۇ تەرەپكە يۈرۈش قىلسۇن» دەپ يارلىق چۈشۈردى.

دەرۋەقە جامالىددىن خوجا چارە-تەدبىرلىك، ئېغىر-بېسىق، تەمكىن، غەيرەت-شىجائەتلىك، تېبابەتچىلىك ئىلمىدە لاياقەتلىك كىشى ئىدى.

جامالىددىن خوجا كۇچادىن چىقىپ باي ۋە سايرامنى ئالدى. بۇ يەردىن ئىشقا يارايدىغان، ساغلام، كۈچلۈك، جۈرئەتلىك پالۋان ئادەملەرنى تاللاپ، 2000دىن كۆپرەك ئەسكەر قوبۇل قىلدى. يول-يولدا قاراۋۇل-خەۋەرچىلەرنى قويۇپ بارلىق ئېھتىيات قىلىش، سەگەك بولۇشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، قارا يۇلغۇنغا ئىلىنىڭ يولى بىلەن كېلىپ ھۇجۇم قىلىشنى كۆزلەپ، چوڭ يولنى تاشلاپ ئاراشو دېگەن مەنزىلگە كېلىپ چۈشتى. بۇ يەردە 20 كۈن تۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى تەرتىپكە سېلىپ، قورال-ياراقلارنى تۈزەشتۈرۈپ، ئاتلىرىدىن ياخشى خەۋەر ئالدى؛ دۈشمەن ئەھۋالىنى تىڭ-تىڭلاپ، مۆلچەرلەپ، يەر شارائىتىنى تەكشۈرۈپ ئوبدان مۇلاھىزە قىلدى.

مۇشۇ كۈنلەردە ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن ئىلىغا ئەۋەتىلىدىغان سوۋغات ۋە باجلار يۇرتلاردا پاراكەندىچىلىك يۈز بەرگەنلىكتىن، مۇز داۋانغا بېرىپ توختاپ قالغانىكەن.

بىز بۇ يەردە ئىلىغا ئەۋەتىلىدىغان سوۋغات ۋە باج ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى: بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمان خانلىرىدىن ئىسمائىلخان ئۆزىگە قارشى چىققۇچىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ تەڭ كېلەلمەي ئىلىغا چىقىپ، قالماقلارنىڭ كاتتىسى جاياڭ دېگەنگە: «مەن ئالتە شەھەرنىڭ پادىشاھى ئىدىم، دۈشمەنلىرىم پادىشاھلىق مىراسىمنى تارتىۋېلىپ قوغلىۋەتتى، پادىشاھلىقىمنى تارتىۋېلىشىمغا ياردەم بەرسىڭىز» دەپ ھال ئېيتىپ ئىلتىجا قىلدى. قالماقلارنىڭ كاتتىسى جاياڭ ماقۇل بولۇپ، بىر مۇنچە قالماق چېرىكلىرىنى ئۇنىڭغا قوشۇپ بەردى، ئىسمائىلخان بۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئالتە شەھەرنىڭ پادىشاھلىقىنى قايتۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ياردەمگە كەلگەن قالماق چېرىكلىرى ئىلىغا قايتماقچى بولدى. «بۇلار بىزگە نۇرغۇن خىزمەت قىلدى. قۇرۇق قول قايتىپ كەتسە ياخشى بولمايدۇ» دەپ، ئىسمائىلخان ئالتە شەھەردىن نۇرغۇن مالتا يىغىپ قالماقلارغا سوۋغات قىلىپ قايتۇردى. ھەر يىلى شۇ پەسىلگە كەلگەندە يەنە تەلەپ قىلدى، بەرمەي ئىلاجى بولمىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ تا راشىدىن خوجا زامانلىرىغىچە ھەر يىلى ئىلىغا ماتا چىقىرىپ تۇردى. ئۇ چاغلاردا بۇ يۇرتلاردا ماتادىن بۆلەك نەرسە يوق ئىكەن. پۇلمۇ يوق بولۇپ، ئېلىش-سېتىش ئىشلىرىدا پۇل ئورنىدا ماتانى لازىم قىلىدىكەن، «قالماققا بۆز (ماتا)، خىتايغا سۆز» دېگەن تەمسىل شۇ چاغدىن قالغانىكەن.

ئەمدى ئەسلى ۋەقەگە كەلسەك، مۇز داۋاندا توختاپ قالغان سوۋغات، ماتالارنى جامالىدىن خوجا ئۆز ئەسكەرلىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. جامالىدىن خوجا باشلىق پۈتۈن ئەسكەرلەر كېپەنگە يۆرگەنگەندەك ۋە ئېھرام باغلىغاندەك ئاق ماتاغا يۆگىنىپ، بېشىغا ماتانى سەللىدەك ئوراپ تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا سېغىنىپ، يىغا-زار قىلىشىپ، ھىممەت ۋە جۈرئەت كەمىرىنى بېلىگە باغلىشىپ، ئاپئاق قوي پادىسىدەك بولۇپ تەييار بولدى. بىر كېچىدە ئاراشودىن چىقىپ، مۇز داۋان يولى بىلەن تاڭ ئاتقۇچە جامغا كېلىپ، قورغان ساقلاپ خەۋەرسىز، غەپلەتتە ياتقان چېرىكلەر ئۈستىگە ئاسماندىن چۈشكەن بالا-قازادەك ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. مەيلى خىتاي چېرىكى بولسۇن، مەيلى ياردەمگە كەلگەن مۇسۇلمان چېرىكى بولسۇن، ھەممىسىنى قىرىپ-چېپىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلدى. ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرى جېنىنى ئېلىپ قۇتۇلدى. سايىتبەگ قەشقەرگە، تۆمۈر خەزىنىچىبەگ خوتەنگە قېچىپ كەتتى. ئامان قالغان خىتايلار ئاقسۇغا قېچىپ كەلدى. جامالىدىن خوجا ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىپ سەپەر ئېيىنىڭ 12- كۈنى ئاقسۇنى پەتھ قىلدى. ئاقسۇدىكى خان مۇپەتتىشى، دارىن باشلىق ھەممە مەنسەپدارلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ بالا-چاقىلىرى بىلەن ئوردىغا يىغىلىپ، ئەتراپىغا (پارتلىغۇچ) دورا قويۇپ، بېيجىڭ تەرەپكە قاراپ ئۆز زۇۋانلىرىدا بىر نەرسىلەر دېيىشىپ يىغلاپ، چېكىۋاتقان غاڭزىسىدىكى تاماكىنىڭ ئوتىنى دورىغا تاشلىدى. شۇ ھامان دورا پارتلاپ ھەممىسى يەر بىلەن يەكسان بولدى. مۇسۇلمانلارنىڭ تەنتەنە ئاۋازلىرى پەلەككە يەتتى، بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارغا خۇشال-خۇراملىق، دۈشمەنلەرگە غەم-قايغۇ يۈزلەندى. جامالىددىن خوجا غالىب سۈپەتتە پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، خىتايلاردىن ئالغان ئولجىلارنى ئەسكەرلەرگە سوۋغات قىلىپ ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. ھەر كىشى ئۆز قۇدرىتى ۋە ئۆز دەرىجىسىگە لايىق مال-مۈلۈككە ئىگە بولۇپ دۇنيالىقتىن ھاجەتسىز بولدى.

كۇچالىق ئابدۇراھمان دىۋان بېگىنى دادخاھ، ئاقسۇلۇق قاسىم قازىبەگنى ئەمىر لەشكەر (باش قوماندان) قىلدى. بۇرۇنقى ئەلەم، مۇپتى، قازى قاتارلىقلارغا ئاۋۋالقى مەنسەپلىرىنى بەردى.

جامالىددىن خوجا جامدىن ئاقسۇغا قاراپ ماڭغان چاغدا، بۇرھانىددىن خوجىنىڭ ئوغلى ھامىددىن خوجىنى 150 ئەسكەر بىلەن مۇز داۋاننى توسۇشقا ئەۋەتكەنىدى. دەرۋەقە، ئىلى جاڭجۈنى ئاقسۇنىڭ ئامبىلىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 7000 خىتاي، 3000 قالماق ۋە سولۇن بولۇپ جەمئىي 10 مىڭ چېرىكنى يېتەرلىك ئوق-دورا بىلەن ئەۋەتكەنىدى. بۇلار مۇز داۋانغا كېلىپ، ھامىددىن خوجا توسۇپ ياتقانلىقى ئۈچۈن ئۆتەلمەي، 50 كۈن يېتىپ نائىلاج ئىلىغا قايتىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھامىددىن خوجا ئۆز ئورنىغا باشقا كىشىنى قويۇپ ئاقسۇغا قايتىپ كېلىپ دادىسى بىلەن كۆرۈشتى.

جامالىددىن خوجا ئاقسۇنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ خاتىرجەم بولغان بولسىمۇ، ئۈچتۇرپان ۋە قەشقەر تەرەپتىن خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۈچتۇرپان شەھىرىنىڭ سېپىلى مۇستەھكەم، چېرىكلىرى كۆپ ئىدى. شۇڭا جامالىددىن خوجا ئالدى بىلەن بۇرھانىددىن خوجا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ھامىددىن خوجىلارنى ئۈچتۇرپانغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.

 

 

4

 

بۇرھانىددىن خوجا ۋە ئوغلى ھامىددىن خوجىلارنىڭ ئۈچتۇرپان شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقى ۋە غالىبىيەت شامىلى يار بولۇپ مەقسەت گۈلى ئېچىلغانلىقى

 

بۇرھانىددىن خوجا ۋە چوڭ ئوغلى ھامىددىن خوجىلار باش بولۇپ، كۇچالىق تالى خەلىپە، توختى خەلىپە، ئاقسۇلۇق تاھىر دىۋان بېگى، موللا قاسىم مىراپ قاتارلىق ئىش بىلىدىغان، زاماندىن خەۋىرى بار، قابىلىيەتلىك بەگلەرنى ھەمراھ قىلىپ، ئاقسۇنىڭ قازىسى موللا ئابدۇللاھ قازىنى قازى ئەسكەر قىلىپ 600 نەپەر ئەسكەر، 16 زەمبىرەك بىلەن ئۈچتۇرپاننى پەتھ قىلىش ئۈچۈن سەپەر ئېيىنىڭ 14- كۈنى يولغا چىقتى.

ئۇلار ئاقسۇنىڭ ئارال، ئاقيار دېگەن يېزىلىرىدىن پەھلىۋان، قارىغا ئېتىشقا ئۇستا ئادەملەرنى تاللاپ ئەسكەرلىككە ئېلىپ، تۆتىنچى كۈنى ئۈچتۇرپانغا تەۋە ئاچا تاغ دېگەن يەرگە كېلىپ چۈشتى.

ئۈچتۇرپاندىكى خىتاي مەنسەپدارلىرى ئۈچتۇرپان ھاكىمى توختىبەگنى نۇرغۇن ئادەم بىلەن ئاچا تاغدا قورۇلچى قىلىپ توختاتقانىدى. بۇرھانىددىن خوجا يېتىپ كېلىشى بىلەن توختىبەگ پۈتۈن ئادەملىرى بىلەن كېلىپ بۇرھانىددىن خوجىغا ئىتائەت قىلىپ خىزمەتكارلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۈچتۇرپان خەلقىمۇ تۈركۈم-تۈركۈملەپ كېلىپ، خوجىلارنى زىيارەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈچتۇرپاننىڭ خىتاي شەھىرىنى قولغا كىرگۈزۈشنىڭ مەسلىھەت ۋە تەرەددۇتىغا كىرىشىپ كەتتى. بۇرھانىددىن خوجا باشلىق ھەممە ئەسكەرلەر خىتاي شەھىرىنى قورشىۋالدى. خىتايلار سېپىلدىن مىلتىق، زەمبىرەك ئېتىپ نۇرغۇن ئادەملەرنى زايە قىلدى. مۇسۇلمان ئەسكەرلەر مۆلجەر تېغىنىڭ كەينىدىن لەخمە (ئاكوپ) كولاشنىڭ تەرەددۇتىنى قىلىۋاتقان چاغدا خىتايلارنىڭ ئوق-دورا ئامبىرىغا ئۇشتۇمتۇت ئوت كېتىپ، مەيلى ئادەم، مەيلى ئوق-دورا، قورال-ياراق، ئۆي-ئىمارەت، بۇتخانا ھەتتا مۆلجەر تاغ قوشۇلۇپ توپا-توزانغا ئايلىنىپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ، جاھاننى قارا تۈتەك قاپلاپ، كىشىنى كىشى تونۇمىغۇدەك ھالەتتە قاراڭغۇ بولۇپ كەتتى. پارتلىغان دورىنىڭ كۈچى بىلەن خىتايلارنىڭ قول-پۇتلىرى بىر تاش، ھەتتا ئىككى تاش يىراقلىققا بېرىپ چۈشتى. بەزىلىرىنىڭ باش ياكى تەنلىرى دەرەخنىڭ شاخلىرىغا ئىلىنىپ قالدى.

گەپنىڭ قىسقىسى، شۇ يوسۇندا ئۈچتۇرپان شەھىرى پەتھ بولدى. بۇرھانىددىن خوجا غالىب دەرىجىسىگە ئىگە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن قىلغان گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىپ، ئۆزىنىڭ پادىشاھلارچە ئىنئام ۋە شەپقەتلىرىنى كۆرسەتتى. بۇرۇنقى موللا ئاتائۇللا ئەلەمنى يەنە ئەلەم، باي مۇھەممەد قازىبەگنى قازى، توختىبەگنى يەنە ھاكىم قىلىپ، باشقىلارنىڭمۇ ئەمەل-دەرىجىلىرىنى بېرىپ، ھەممىنى خۇشال-خاتىرجەم قىلدى. دوستلار شاد، دۈشمەنلەر غەمكىن بولدى. خۇشاللىق تەنتەنە سادالىرى پەلەككە يەتتى. بەزى پاھىشە خوتۇنلارغا ۋە كاپىرلارنىڭ خۇي-پەيلىنى ئادەت قىلىۋالغان يامان ئادەملەرگە ئۆز جازاسىنى بەردى.

بىلىملىك دانىشمەن كىشىلەرنىڭ رىۋايەتلىرىدىن تارقىلىپ كەلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىلگىرىكى زاماندا خاقانى چىن بۇ ئالتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزگەن چاغدا، ئۈچتۇرپاندىن ئاپتاپ مەسەللىك ساھىپجامال بىر ئايال ئەسىرگە چۈشكەنىكەن، خىتاي مەنسەپدارلىرىنىڭ كۆزى بۇ ئايالغا چۈشۈپ، خاقانى چىنغا بۇنىڭدىن لايىقراق ۋە بۇنىڭدىن ياخشىراق سوۋغات تېپىلمايدۇ دەپ ئويلاپتۇ. باشقا تارتۇق، پىشكەش، سوۋغا-سالاملار بىلەن بىرلىكتە بۇ ئايالنىمۇ خاقانى چىننىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. خاقانى چىن ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپتۇ. ئۇنىڭ باشقا خانىش، مەلىكىلىرىدىن ياخشىراق كۆرۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە خاقان كىرىپ كەلسە، بۇ ئايال يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. يەر يۈزىدە مېنىڭدىن چوڭ پادىشاھ بولمىسا، نېمە ئۈچۈن يىغلايدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ، سەۋەبىنى سوراپتۇ. ئايال: «مېنىڭ يۇرتۇمدا يوپۇرمىقى كۈمۈشتىن، مېۋىسى ئالتۇن، يېلىمى ئەتىردىن بىر خىل دەرەخ بار ئىدى. شۇنى سېغىنىپ يىغلايمەن» دەپتۇ. خان بۇنى ئاڭلاپ دەرھال: «ئۈچتۇرپاندىن شۇ خىل دەرەخ ئېلىپ كېلىنسۇن. مۇنداق دەرەخ مېنىڭ بېغىمغا لايىق ئىكەن» دەپ يارلىق چۈشۈرۈپتۇ. ئۈچتۇرپاندىكى خىتاي مەنسەپدارلىرى يارلىقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۈچتۇرپان ھاكىمى رەھمىتۇللاھ  بەگكە: «جىگدە كۆچىتىنى يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ پۇقرالارغا كۆتۈرتۈپ، ئۆزۈڭ باش بولۇپ بېيجىڭغا يەتكۈزۈپ خاننىڭ ئىلتىپاتىنى كۆرۈپ قايتقايسەن» دەپ ئەمر قىلىپتۇ. رەھمىتۇللا بەگ نائىلاج بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ، نۇرغۇن پۇقرالارغا جىگدە كۆچىتىنى كۆتۈرتۈپ، خىتاي چېرىكلىرىنىڭ قوغداپ نازارەت قىلىشى بىلەن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىپ، تۆت پوتەي يەرگە بارغۇچە ناھايىتى كۆپ جەبىر-جاپا چېكىپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ جىگدە كۆچىتى كۆتۈرگەن ھاشارچى پۇقرالار بىرلىشىپ: «جىگدە كۆچىتىنى بېيجىڭغا ئېلىپ بارغۇچە نۇرغۇنلىرىمىز نابۇت بولۇپ ئۆلۈپ كېتىدىكەنمىز. قارشىلىق كۆرسىتىپ جىگدە كۆچىتىنى ئېلىپ بېرىشتىن قۇتۇلمىساق بولمايدىكەن» دەپ مەسلىھەت قىلىپ، رەھمىتۇللاھ بەگنى خەۋەردار قىلىپتۇ. رەھمىتۇللاھ بەگمۇ قوبۇل تۇتۇپ، جىگدە كۆچىتىدىن كالتەك ياساپ، ئالدى بىلەن نازارەت قىلىپ ماڭغان خىتايلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپتۇ، ئاندىن ئارقىسىغا يېنىپ ھۇجۇم قىلىپ، ئامبال  باشلىق مەنسەپدارلارنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرنى قولغا ئاپتۇ. رەھمىتۇللاھ بەگ مۇستەقىل ھاكىم بولۇپ توققۇز ئاي ئۈچتۇرپاننى سوراپتۇ. بۇ ۋەقە خاقانى چىن بۇ شەھەرلەرنى بېسىۋېلىپ 17 يىلدىن كېيىن يۈز بېرىپتۇ. بېيجىڭغا بۇ خەۋەر بارغاندىن كېيىن خاننىڭ ئەمرى بىلەن لەنجۇنىڭ بۇ تەرىپىدىن ھەددى-ھېسابسىز چېرىكلەر كېلىپ ئۈچتۇرپاننى ئىككىنچى قېتىم قولغا ئېلىپ، مۇسۇلمانلارنى قەتلىئام قىلىپتۇ. ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئادەملەرنى ئۇ تەرىپى قۇمۇل، ئىلىغىچە، بۇ تەرىپى يەكەنگىچە بولغان يول ئۈستىدىكى ئۆتەڭلەردە تۇرۇشلۇق، ئۆتەڭ ساقلايدىغان، خەت توشۇيدىغان خىتايلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تۆت ئۆيلۈك-تۆت ئۆيلۈكتىن تۇتۇپ بېرىپتۇ. ھازىرغىچە شۇ كىشىلەرنىڭ ئەۋلادى ئۆتەڭلەردە بار بولۇپ، ئۈچتۇرپانلىق دەپ ئاتىلار ئىمىش.

مەن موللا موسا سايرامى شۇ زامانلاردىن قالغان بىر نەچچە كونا كىتاب، قورال-ياراق، ئېگەر-توقۇم، بوقۇسا، لىڭگىرچاق قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ۋە بۇ نەرسىلەرنىڭ ۋەقەسىنى سورىسام، كىشىلەر: «رەھمىتۇللاھ بەگنىڭ قوزغىلىڭىنى بېسىقتۇرغاندا، خىتايلار بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىگىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، نەرسە-كېرەكلىرىنى جىنايەتچى قىلىپ يىغىۋالغانىدى. ئەسلىدە ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئوق-دورا ئامبىرىغا ئوت كېتىپ پارتلىغاندا يوقالغان. بۇلار ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان شۇ نەرسىلەرنىڭ بىر نەمۇنىسى» دەپ جاۋاب بېرىشتى.

خاقانى چىن ئىلگىرى يەتتە شەھەرنى ئۆزىگە قاراتقان چاغدا، ئۈچتۇرپاننى پايتەخت قىلىپ، ئامبالنى شۇ يەردە تۇرغۇزغان بولۇپ، ئالتە شەھەر ئۈچتۇرپانغا قاراشلىق ئىكەن. رەھمىتۇللاھ بەگنىڭ قوزغىلىڭى بولغاندا، خاقانى چىننىڭ غەزىپى كېلىپ، ئۈچتۇرپان ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ھەممىدىن كىچىك شەھەر قىلغانىكەن ۋە خان ئامبال يەكەندە تۇرسۇن دەپ يارلىق قىلغانىكەن. ئۈچتۇرپاندا ئامبال قالماي، تۇرپاندىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ ئاۋات قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاۋۋالقى ئىسمى «ئۇچ»قا «تۇرپان»نى قوشۇپ «تۇرپانلىق كۆچمەنلەر ئولتۇراقلاشقان جاي» دېگەن مەنىدە «ئۇچتۇرپان» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپتۇ. شۇنىڭدىن ھازىرغىچە 200 يىل مىقدارى ۋاقىت ئۆتتى. ئالەمنىڭ ھەقىقىي پادىشاھى بولغان ئۇلۇغ تەڭرىم بۇ يەتتە شەھەرنى ئۆزىگە خاس قۇدرىتى بىلەن ھىمايە قىلىپ ئاسراپ مۇھاپىزەت قىلىپ، ئۈچتۇرپان مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ھادىسىلەردىن ساقلىدى.

بۇرھانىددىن خوجا ئۈچتۇرپاننى قولغا ئالغاندىن كېيىن زۇلۇمنىڭ ئىشىكىنى ئېتىپ، ئادالەتنىڭ دەرۋازىسىنى كەڭ ئېچىپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ شەرىئىتىنىڭ راۋاج تېپىشى، پۇقرالارنىڭ تىنچ-ئامانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. ھەممە خوجايىنلارغا نىسبەتەن ھۆكۈمرانلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە ئادالەتنى ئۈستۈن قويدى. شۇڭا ھەممىدىن چوڭ ئىززەت-ئابرويغا ئىگە بولدى. ئەمما پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر چۆرگىلەپ ئۇشتۇمتۇت نەسلىك يۈز بەردى.

ئۇلۇغ تەڭرىم پەيغەمبەر ۋە ئەۋلىيالارغا، ھەشەمەتلىك ئۇلۇغ پادىشاھلارغا ئۆزىگە يېقىنلىق دەرىجىسىنى بېرىپ، شانۇ-شەۋكەت ئاتا قىلماقچى بولسا، ئۆزىگە خاس ھېكمەت قۇدرىتى بىلەن ئىلگىرى ياكى كېيىن جۇدالىق، دەرد-ئەلەملەرگە دۇچار قىلىدۇ، جاھاننىڭ ئىسسىق-سوغۇقلىرىنى كۆرسىتىپ، جاپا-مۇشەققەتنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكلىرىنى تېتىتىدۇ، ئاھۇ نادامەتنىڭ لايلىرىغا يۇمىلىتىپ، پۇشايماننىڭ ئوچاقلىرىدا پىشۇرىدۇ. خارلىق ۋە ئېتىبارسىزلىقنىڭ كوچىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن دەرىجىمۇ دەرىجە، بالداقمۇ بالداق ئىززەت ۋە ھۆرمەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگىمۇ ئېلىپ چىقىدۇ. ئۆزىگە يېقىنلىق دەرىجىسىنى بېرىپ، بەزىلىرىنى ئۆزىنىڭ دوستى قىلىدۇ (پەيغەمبەر قىلىدۇ)، بەزىلىرىنى پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزىدۇ. ئىززەت ۋە مەرتىۋىسىنى پەلەكتىن ئۈستۈن قىلىپ، ئۇلۇغلۇق سۈپىتىنىڭ سايىسىدە ئەڭ ئالىي دەرىجە ئاتا قىلىدۇ، زۇلۇم ۋە مۇشەققەتنىڭ زىندانىغا گىرىپتار بولغانلارنى دۆلەت سىياسىتىنىڭ نۇرى بىلەن قۇتۇلدۇرۇپ پەرۋىش ھەم تەربىيەت قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، پۈتۈن پادىشاھلار قوي باقىدىغان پادىچىغا ئوخشاش دېيىلىدۇ. بىر پادىچى ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان قوينى ئوبدان بېقىپ، ياخشى خەۋەر ئالسا، قويلار كۆپىيىدۇ، پادىچىنىڭ قوي ئىگىسى ئالدىدا مەرتىۋىسى يۇقىرى بولىدۇ؛ ئەگەر ياخشى باقماي بىپەرۋارلىق قىلسا، قوي ئىگىسى قويلىرىنى باشقا پادىچىغا بېرىپ ئىلگىرىكى پادىچىنى ھەيدىۋېتىدۇ. ھەر قانداق پادىشاھ پۇقرالارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالسا، دۆلىتى زىيادە، مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولىدۇ، يۇرت ۋە مەملىكىتى ئاۋات، كەڭرى، باياشات بولىدۇ؛ مۇبادا ياخشى خەۋەر ئالماي بىپەرۋالىق قىلىپ، پۇقرالارنى زالىم-قانخور ئەمەلدارلارغا تاشلاپ قويسا، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى بولغان ئۇلۇغ تەڭرىم يۇرت ۋە مەملىكەتنى يەنە بىر پۇقراپەرۋەر پادىشاھقا تاپشۇرىدۇ. چۈنكى بىر زالىم مىڭ بۆرىدىن يامان ۋە بەتتەردۇر. يۇرت ۋە مەملىكەت ئادالەت بىلەن ئاۋات ۋە خاتىرجەم بولىدۇ، زۇلۇم بىلەن خاراب ۋە خانىۋەيران بولىدۇ.

گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، بۇرھانىددىن خوجا ئۈچتۇرپاندا ئۈچ ئاي تۇرغاندىن كېيىن، «قەشقەردە سىدىقبەگ قىپچاق باش كۆتۈرۈپ قەشقەرنى قولغا كىرگۈزدى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، قەشقەرگە بېرىشنى قارار قىلدى.

 

 

5

 

بۇرھانىددىن خوجامنىڭ ئوغلى ھامىددىن خوجا بىلەن قەشقەرنى پەتھ قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغانلىقى؛ ساددىلىقتىن سىدىقبەگ قىپچاقنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقى ۋە كېيىن قۇتۇلۇپ ئۆز ئورنىغا قايتىپ كەلگەنلىكى

 

بۇرھانىددىن خوجا قەشقەرنى قولغا كىرگۈزۈش مەقسىتىدە جامادىيەلئەۋۋەلنىڭ ئون ئىككىنچى كۈنى  شەھەردىن چىقىپ، چېدىر-بارگاھلىرىنى ئوت بېشى دېگەن يەرگە تىكىپ تەييار بولدى. ئوغلى ھامىددىن خوجىنى غەيرەتلىك، تاللانغان 2000 ئەسكەر بىلەن ئالدىن يولغا سالدى. ئۆزى ئىككى كۈندىن كېيىن 1500 ئەسكەر، مەھرەم-خىزمەتچى، ياساۋۇل-مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن يولغا چىقتى. مەنزىلمۇ مەنزىل يۈرۈپ قارىبۇلاق دېگەن يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، نادان قىرغىزلار نىيىتىنى بۇزۇپ ئالدىنى توسۇشقا ئۇرۇندى، ئەمما جازاسىنى تارتتى.

جامدىكى جەڭدە جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېچىپ كەتكەن سايىتبەگ قەشقەرنىڭ ھاكىمى بولغان ئاكىسى قۇتلۇقبەگنىڭ قېشىغا بارغانىدى. ئۇ ئاكىسى قۇتلۇقبەگنىڭ مەسلىھىتى، خىتايلارنىڭ يوليورۇقى بىلەن، خوجىلارغا قارشى ئىلىدا تۇرۇشلۇق جاڭجۈندىن ياردەم ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قاقشال يولى بىلەن كېتىۋاتقاندا، سايىتبەگنى بىر نەچچە قىرغىز تۇتۇۋېلىپ ھامىددىن خوجىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، ھامىددىن خوجىنىڭ قول ئاستىدىكى ئەمەلدار، ئەربابلار ئۇنىڭ خۇنىنى تىلەپ تۇرۇۋالدى. ھامىددىن خوجا ئەپۇ قىلىپ سايىتبەگنىڭ گۇناھىدىن ئۆتۈپ، ئۆز قوشۇنىدا تۇتۇپ قالدى، ئەمما ئىسمائىل كاتىۋال دېگەن تەرجىماننى تۇغقا قان قىلىپ ئۆلتۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەسلى مەقسىتى بويىچە ئالدىغا قاراپ نۇرغۇن يول مېڭىپ، ئۈستۈن ئاتۇشقا كېلىپ قوندى، ئەتىسى يولغا چىقىپ «بۈگۈن قەشقەرگە كىرىمىز، قۇتلۇقبەگ بولسا ئۆز كۇچالىقىمىز، يۇرتداشلىقنىڭ يۈز خاتىرى بار. قۇتلۇقبەگ ئۇ تەرەپتىن، بىز بۇ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ سىدىقبەگنى يوقىتىمىز» دېگەن خام خىيال بىلەن كېتىۋاتقاندا، قەشقەر تەرەپتىن كاتتا بىر تۇغ كۆرۈندى. سەپسېلىپ قارىسا نۇرغۇن قوشۇننىڭ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولدى. نائىلاج ئىككى ئوتتۇرىدا ئۇرۇش-جەڭ بولدى. ھەر ئىككى تەرەپتىن بىر مۇنچە ئادەم ھالاك بولدى. شۇنداق ھالەتتە سىدىقبەگ «خوجاملار بىلەن ئۇرۇشماي، ياخشىلىق بىلەن شەھەرگە باشلاپ كېلىڭلار، نېمە بولسا بولسۇن، ئىسلام ئاچقان غازىلار يۇرتىمىزغا كەلگەن مېھمان» دەپ تەكلىپ قىلغان بولۇپ ئالدىغا كىشى چىقىرىپ، ئىززەت- ھۆرمەت بىلەن باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنى خۇش ھاۋالىق كەڭرى بىر باغقا چۈشۈردى. كەڭ زىياپەت بېرىپ مۇلايىملىق بىلەن خىزمەتكارلىق رەسمىيىتىنى بەجا كەلتۈردى. ئەمما خوجاملارنىڭ چېدىر-بارگاھ، ئەسكەرلەرنىڭ ئات-ئۇلاغ، قورال-ياراق، خۇرجۇن-قاچىلىرىنى بىرىنى قويماي يىغىۋالدى، نېمە دېسە شۇنى دەرھال تەييارلاپ ياخشى كۈتۈۋالدى. ئەمما ئۇلارنى ئاتلىنىپ تالا-تۈزگە چىققىلى قويمىدى، كىشىلەر بىلەنمۇ كۆرۈشتۈرمىدى. سىدىقبەگ بىر قېتىم كېلىپ كۆرۈشكىنىچە يەنە كەلمىدى. مۇشۇنداق ھالەتتە توققۇز كۈن ئۆتتى. ئاخىر قەشقەرنىڭ ياخشىلىرىدىن بىر نەچچە كىشى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ سۈلھ قىلدى. خوجاملار قەشقەرگە دەخلى قىلمايدىغان، سىدىقبەگ ئاقسۇ تەرەپكە قول ئۇزاتمايدىغان بولۇپ ۋەدىنامە تۈزۈشۈپ ئىتتىپاقلاشتى. خوجاملار بىلەن سىدىقبەگ باشقىدىن كۆرۈشۈپ، نۇرغۇن گەپ-سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا سېلىشىپ، ماقۇل بولۇشۇپ دوستلۇق قائىدىلىرىنى بەجا كەلتۈردى. خوجاملارنىڭ چېدىر-بارگاھلىرىنى بېرىپ، لايىقىدا تون، كىيىم-كېچەك سوۋغات قىلىپ ئۆزرە ئېيتتى. ئەسكەرلەرنىڭ ئات-ئۇلاغ، قورال-ياراق، خورجۇن-قاچىلىرىنى بەرگەننىڭ سىرتىدا يول خىراجىتىمۇ بېرىپ، چوڭ يول بىلەن ئاقسۇ تەرەپكە يولغا سېلىپ ئۇزىتىپ قويدى. خوجاملار ئامان-ئېسەن قۇتۇلغىنىغا كۆپ شۈكرى قىلىپ، رەجەپ ئېيىنىڭ يىگىرمە سەككىزىدە ئەسلى چىققان جايى ئۈچتۇرپانغا يېتىپ باردى ۋە قىشنى ئۈچتۇرپاندا چىقاردى. بۇرھانىددىن خوجا يۇرتدارچىلىق ئىشىنى ئوغلى مەھمۇدىن خوجىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزدى.

 

 

6

 

بۇرھانىددىن خوجا، ئوغلى ھامىددىن خوجا ۋە سەيىد شەيخ نەزرىددىن خوجىلارنىڭ يەكەننى پەتھ قىلىش غازىتىغا ئاتلانغانلىقى؛ غەلىبە گۈلى جامالىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، زامان ھادىسىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىدىن بىر گۈل ئۈزەلمەي ئۆز جايىغا قايتقانلىقى

 

ئەزىز بۇرادەرلىرىمىزگە ئاشكارا بولغايكىم، راشىددىن خوجا كۇچادىن شەيخ نەزرىددىن خوجىنى باش قىلىپ، ھاجى خەزىنىچى بەگ، ياقۇپ دىۋان بېگى، سىدىق مىراپ باشلىق بىر نەچچە بەگلەرنى ھەمراھ قىلىپ، 4000 ئەسكەر بىلەن يەكەننى پەتھ قىلىش غازىتىغا بېرىشقا يارلىق چۈشۈردى.

ئۈچتۇرپاندىن بۇرھانىددىن خوجا، ئوغلى ھامىددىن خوجىلار 2500 ئاتلىق ئاقسۇ ۋە ئۈچتۇرپان ئەسكىرى بىلەن قوشۇلۇپ نۇرغۇن يوللارنى بېسىپ، مارالبېشىغا باردى. مارالبېشىدا 2000 چېرىك بار ئىكەن. بۇلار بارلىق قوراللىرىنى تاپشۇرۇپ، ئىتائەت قىلىپ بويسۇنىدىغانلىقىنى ۋە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. خوجاملار چېرىكلەرگە شاھادەت كەلىمىسىنى ئۆگىتىپ، مۇسۇلمان قىلىپ قورال-ياراقلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئامباردىكى ئاشلىقلارنى ئەسكەرلەرگە تەقسىم قىلىپ بەردى. يېڭى مۇسۇلمانلارغا ما دالويە ناملىق كىشىنى باشلىق قىلىپ تەيىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن مارالبېشىدىن خاتىرجەم بولدى.

خوجاملار ئەمەلدارلىرى بىلەن ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، مارالبېشىدىن ئاتلىنىپ يەكەنگە باردى. يەكەننىڭ بىر تەرىپىدە ئابدۇراھمان ھەزرىتىم ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرىپىدە تۇڭگانلارنىڭ ئىمامى ھۆكۈم يۈرگۈزۈۋاتاتتى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن خوجاملار بىلەن ئابدۇراھمان ھەزرىتىم ئوتتۇرىسىدا جەڭ-جېدەل بولدى. ئەسلىدىمۇ تۇڭگانلار بىلەن بەزىدە ئىتتىپاق بولۇپ، بەزىدە ئىتتىپاق بولالماي تۇرۇۋاتقانىدى. شۇ ئەسنادا يەكەن بەگلىرىدىن نىياز بەگ دېگەن كىشى بىر نەچچە كاتتا بەگلەرنىڭ نامىدىن، قەشقەردىكى ياقۇپ  قوشبېگىنى تەكلىپ قىلىپ نامە يېزىپ ئەۋەتتى. ياقۇپ قوشبېگى خەتنى تاپشۇرۇۋېلىپ نۇرغۇن قوشۇننى باشلاپ، چوڭ ئۈمىد بىلەن يەكەنگە كەلدى. بۇ چاغدا خوجاملار تۇڭگانلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئابدۇراھمان ھەزرەتكە قارشى جەڭ قىلىپ بىر نەچچە قېتىم غەلىبە قىلىپ، بىر نەچچە قېتىم مەغلۇپ بولغانىدى. ياقۇپ قوشبېگى ئۇشتۇمتۇت كېلىپلا يەكەن شەھىرىنى ئالدى. بۇنى كۆرۈپ ھامىددىن خوجىنىڭ غەيرەت-شىجائەتلىرى ئۆرلەپ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئادەملەرنى نابۇت قىلدى. ياقۇپ قوشبېگىنىڭ ئەمەلدار، ئەسكەر باشلىقلىرى چىداشلىق بېرەلمەي سېپىل ئۈستىدىن ئات سەكرىتىپ قاچتى. نۇرغۇنلىرىنىڭ پۇتى ۋە بوينى سۇنۇپ ھالاك بولدى. بىر مۇنچىلىرى زەخمە يەپ مېيىپ، ئەيىبناق بولدى. شەھەرنىڭ بىر دەرۋازىسى بوشراق بولۇپ، شۇ يەردىن ياقۇپ قوشبېگى قېچىپ چىقىپ قۇتۇلدى. قوشبېگى ئۆزى مىنىدىغان قارا ئارغىماق ئېتىنى ئېگەر-جابدۇقلىرى بىلەن ھامىددىن خوجا ئولجا ئالدى. ھامىددىن خوجىنىڭ بۇ جەڭدە نامايان قىلغان غەيرەت-جۈرئەتلىرىگە خالايىق: «ئانىدىن ئوغۇل تۇغۇلسا، ھامىددىن خوجىدەك بولسا» دەپ ئاپىرىن ۋە تەھسىنلەر قىلىشتى.

خوجاملار تۇڭگانلار بىلەن بىرلىشىپ يەكەننىڭ خىتاي شەھىرىنى ئېلىشقا تىرىشتى. ئەمما شەھەر ئىچىدىكى خىتايلار ھېچكىشىنى باش چىقارغىلى قويماي، كۆرۈنگەننى ئېتىپ نابۇت قىلدى. خىتايلار ئاتقان ئوق ھەرگىز زايە كەتمىدى. مۇسۇلمانلار ئاتقان ئوقنى سېپىلنىڭ خوختىلىرى توسۇۋېلىپ تەگمىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئەتراپتىكى باغ-ۋاران، ئېتىز-ئېرىقلاردىكى خاھى مېۋىلىك، خاھى مېۋىسىز دەرەخلەرنى مەجبۇرىي كېسىپ كېلىپ سېپىل بىلەن تەڭ قىلىپ بىر نەچچە يەرگە پەشتاق باغلاپ ئۈستىگە چىقىپ ئوق ئاتتى. بىر تەرەپتىن لەخمە (ئاكوپ) كولاپ يەر ئاستى بىلەن بېرىپ سېپىلنىڭ ئاستىغا دورا كۆمۈپ پارتلاتتى. بۇنىڭ بىلەن سېپىلنىڭ ئون-يىگىرمە غۇلاچ يېرى پارتلاپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ كەتسە، چېرىكلەر توپا-قۇم توشقۇزۇپ تەييارلاپ قويغان تاغارلارنى تىزىپ يەنە بۇرۇنقىدەك ئېگىزلىكتە ئېتىۋالدى. نۇرغۇن مۇسۇلمانلار نابۇت ۋە زايە بولۇپ تەڭلىكتە قالدى. لېكىن شەھەر ئىچىدىكى خىتايلارنىڭ ئوق-دورا، ئاشلىق-تۈلۈكلىرى تولا بولۇپ تەڭلىك تارتمىدى. بەلكى كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا سەككىز ئاي ئۆتتى.

بەزى ئىش كۆرگەن، ئۆتمۈشتىن خەۋىرى بار پاراسەتلىك كىشىلەر، بۇ يەتتە شەھەر خاقانى چىنغا تەۋە چاغلىرىدا شەھەر-شەھەردىكى ئادەملەرنى تىزىملاپ سانىنى ئالغانىكەن. شۇ ھېسابتا يەكەن 32 مىڭ نوپۇس، ئاقسۇ 6000، كوچا 3000، قەشقەر 16 مىڭ، خوتەن 22 مىڭ نوپۇس ئىكەن. يەكەندىكى خىتايلارمۇ 32 مىڭ، بەلكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك مۇسۇلمانلارنى نابۇت قىلىپ، ئاندىن ئۆزلىرى ھالاك بولدى، دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇ رىۋايەت ھەقىقەتەن راست بولۇپ، ئىشەنمەك لازىم.

گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، خىتايلار ئىلاجسىزلىقتىن تەسلىم بولۇپ، شەھەر پەتھ بولدى. ئامباردىكى ئاشلىق ۋە ئوق-دورىلار مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا چۈشتى. تەبرىك ۋە تەنتەنە ئاۋازلىرىدىن قۇلاقلار پۈتۈپ كەتتى. ناغرا-دۇمباق، سۇناي-كانايلارنىڭ شادىيانە سادالىرى پەلەككە يەتتى. ئەمما يەنىلا تۇڭگانلار بىلەن پۈتۈشەلمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئابدۇراھمان ھەزرەت، يەكەندىكى باشقا ھەزرەت ئىشانلار، قاغىلىقتىكى جامالىددىن خوجا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يەكەن ھاكىمىيىتىنى ئۆز قولىغا ئېلىشنى تەمە قىلغانلىقتىن، ئۆز ئارا مۇرەسسەگە كېلەلمەي ئىتتىپاقلىشالمىدى. خوجاملار يەكەننى ئىدارە قىلىپ ئۆز قولىدا تۇتالمىدى.

يەكەندىكى مىر غىياسىددىن ئىشاننىڭ نەۋرىلىرىدىن بولغان مىرزاجان ھەزرەتنى بۇرھانىددىن خوجا، ئابدۇراھمان ھەزرەتلىرىدىن قاچۇرۇپ مەخپىي ئۈچتۇرپانغا ئەۋەتتى. ئۇنداق قىلمىسا ناھەق خۇن تۆكۈلۈشنىڭ ئېھتىمالى بار ئىدى.

شۇ چاغدا ئۇزۇندىن بېرى كۇھىستان تەرەپتە ياشاپ كەلگەن مۇھەممەد ئەلىخاننىڭ ئوغلى مۇزەپپەرخان، بۇ تەرەپتىكى ئىتتىپاقسىزلىق ۋە پاراكەندىچىلىكنى ئاڭلاپ ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ، ھاكىمىيەت تەمەسى بىلەن كەشمىردىن چىقىپ، تىبەت داۋىنى ئارقىلىق يەكەنگە كەلدى. ئۆزىنىڭ نام-نەسەبلىرىنى ئاشكارا قىلغاندىن كېيىن ھەممە ئاڭا ئىززەت - ھۆرمىتىنى بەجا كەلتۈرۈپ، لايىقىدا جاي، ئورۇن-دەرىجە، مائاش-تەمىنات بەلگىلىدى. ئەمما مۇزەپپەرخاننىڭ ھەرىكىتى باشقىچە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇرھانىددىن خوجا «بىزنىڭ ئۇلۇغىمىز كۇچادا، كۇچاغا بېرىپ كۆرۈشۈپ، شۇ كىشىنىڭ يارلىقى بويىچە ئىش قىلسىلا» دەپ ئادەم قوشۇپ كۇچاغا يولغا سالدى. كۇچاغا بارغاندىن كېيىن راشىددىن خوجا، مۇزەپپەرخاننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قىلىپ قوبۇل قىلدى. ئورۇن-ۋەزىپە تەيىنلەپ، مۇناسىپ جايدىن خوتۇن ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى خۇشال-خۇرام قىلدى. ئۇ كۆڭلى خالىغان يەرلەردە ئويۇن-تاماشا قىلىپ بىر نەچچە كۈن تۇردى. ئاندىن «كورلىغا بارسام» دەپ رۇخسەت ئېلىپ كورلىغا كەتتى. ياقۇپ قوشبېگى كۇچانى ئالغاندا، كورلىدىن تۇرپانغا كەتتى. مۇزەپپەرخاننىڭ باشقا ۋەقەلىرىنى كېيىنكى بابلاردا سۆزلەيمىز.

ئاقىۋەت خوجاملار تۇڭگانلار بىلەن ئىتتىپاق بولالماي، يەكەننى قولىدا تۇتۇپ تۇرالماي ئۆز جايلىرىغا قايتىپ كەتتى. بۇنىڭ سەۋەبلىرى مۇنداق ئىدى: يەكەندە تۇڭگانلاردىن 25 مىڭ كىشى بار ئىدى. شۇڭا خوجاملار: «ئاز ئادەم بىلەن كەپتۇق، ياخشىسى پۇختا تەييارلىق قىلىپ كۆپ ئادەم بىلەن كېلىشىمىز لازىم ئىكەن» دەپ ئويلىدى. يەنە بىرى نەزرىددىن شەيخ خوجىنىڭ مىجەزى تۇرالغۇسىز، تۇتالغۇسى يوق، يېنىك تەبىئەتلىك بىر كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى «ئەمىر تېمۇر كوراگان ئىككىنچى» چاغلاپ يەكەندىكى ھەزرەت، ئىشان ۋە تۇڭگانلارنىڭ باشلىقلىرىنى، يۇرتنىڭ ئېسىل-ئابرويلۇق كىشىلىرىنى كۆزىگە ئىلماي ئادەم ئورنىدا كۆرمىدى. بۇرھانىددىن خوجا بولسا كۆڭلى يۇمشاق، خۇش خۇي، خۇش خۇلق كىشى ئىدى.

 

نەزم

 

ئەگەر پادىشاھ بولسا مۇلايىم سۇخەن،

كى مۇشكۇلىنى ئاسان ئەيلىگەي ھاپىز ھەي.

 

 

7

 

سەيىد جامالىددىن خوجامنىڭ يەكەن بىلەن قەشقەرنى قولغا كىرگۈزۈش ھەۋىسى، يەنى بىر ئوق بىلەن ئىككى كىيىكنى ئوۋلاش نىيىتى بىلەن يۈرۈش قىلغانلىقى؛ بىرىنى قولغا كىرگۈزۈپ يەنە بىرىگە قەدەم قويۇشى بىلەن ھەر ئىككىلىسىلا قولدىن چىقىپ كېتىپ، باشقا بىر چەۋەنداز ئوۋچىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى؛ نەتىجىدە مەيۇس بولۇپ ئۆز جايلىرىغا قايتىپ كەتكەنلىكى

 

دوستلارنىڭ پاك قەلبى ۋە روشەن مۇلاھىزىلىرىدىن مەخپىي قالمىغايكىم، خوجاملار يەكەننى ساقلاپ قالالماي يېنىپ كەتكەندىن كېيىن، ئاقسۇنىڭ ھاكىمى سەيىد جامالىددىن خوجىنىڭ ھىممەت ۋە قەھرىمانلىقى قايناپ، غەيرىتى جۇش ئۇرۇپ:

ئۆزۈم ئاتلىنىپ بېرىپ يەكەن ۋە قەشقەرنى پەتھ قىلىپ، ياقۇپ قوشبېگى دېگەننى تىرىك تۇتۇپ باغلاپ، بېشىغا ئىنسان كۆرمىگەن خارلىقلارنى سېلىپ، ئەتىۋارىنى قويماي، ئېتىمنىڭ تۇمشۇقىدا ھەمىشە پىيادە ئېلىپ يۈرمىسەم نىزامىددىن خوجىنىڭ ئوغلى بولماي قالاي، دەپ ئاچچىق، يامان سۆزلەر بىلەن قەسەم ئىچتى. ئۇنىڭ ھەممە دۆلەت ئەركانلىرى ۋە خۇشامەتچىلەر «ۋاي شۇنداق بولماي، يۇرتىدىن قېچىپ كەلگەن يالىڭاچ بۇلاڭچىنىڭ نېمە ئەتىۋارى بولسۇن» دەپ، ھەددىدىن زىيادە خۇشامەت قىلىپ ئاشۇرۇۋەتتى. قىشىچە ئەسكەر، قورال-ياراق تەرەددۇتى، ئوزۇق-تۈلۈك، ئات-ئۇلاغ غېمى بىلەن باھارغا ئۇلاشتى.

يەردىن كۆك چىقىپ باھار باشلانغان مەۋسۈمدە جامالىددىن خوجا ئۆز ئورنىدا ئىنىسى جالالىددىن خوجىنى ۋاقىتلىق ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، يەكەن تەرەپكە ئاتلىنىشنى قارار قىلدى. بۇ چاغدا كۇچانىڭ ئۇلۇغ پېشۋاسى 50 يىل ئەلەملىك مەنسىپىنى قولىدا تۇتۇپ، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن سىدىق خوجا ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ باشچىلىقىدا كوچا، شايار ئەسكەرلىرى يېتىپ كەلدى. بۇرھانىددىن خوجا ۋە ھامىددىن خوجىلار ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئۈچتۇرپاندىن كەلدى.

ئاقسۇدىن موللا باقى مۇپتى ئاخۇنۇم، قاسىم قازىبەگ، باقەش مىراپ، مۇھەممەد شېرىپ ئۆتەڭ بېگى، سابىر مىراپ؛ كوچا بەگلىرىدىن ھاجى خەزىنىچى بەگ، ياقۇپ دىۋان بېگى، موللاش مىراپ؛ ئۈچتۇرپان بەگلىرىدىن ئاقبەگ، مۇسابەگ، قۇربان مىراپ قاتارلىق كارغا يارايدىغان، ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ۋۇجۇدىدا ھىممەت ۋە غەيرىتى بار بەگ ۋە بەگزادىلەرنى ھەمراھ قىلىپ يەكەن تەرەپكە قاراپ يۈرۈش قىلدى. قوشچى، پىلتىرچى، بازارچىلاردىن باشقا نوقۇل ئەسكەرنى 26 مىڭ دەپ رويخەتكە ئالدى.

خوجاملار يولغا چىقىپ نۇرغۇن يوللارنى بېسىپ، يەكەن شەھىرىگە ئۈچ مەنزىل قالغاندا، يەكەننىڭ ۋالىي ئالىيلىرى ھەزرەت ۋە تۇڭگانلارنىڭ ئىماملىرى، ئۆلىما ۋە پازىللىرى، چوڭ-كىچىك پۇقرالىرى سوۋغا-سالاملار بىلەن ئالدىلىرىغا چىقتى. يۈزلىرىنى خوجاملارنىڭ غالىب ئۈزەڭگىلىرىگە سۈرتۈپ، قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ، تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا ئاجىز ۋە بىچارىلىكىنى شەپى كەلتۈرۈپ، غوجام پادىشاھلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن، دۆلىتىنىڭ زىيادە بولۇشىغا ئايەتلەر ئوقۇپ، باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ خىجالەتچىلىك تەرلىرىنى ئاققۇزۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى قىلغان ئىشلىرىنىڭ پۇشايمىنىغا غەرق بولۇپ تۇرغان چاغدا، خوجاملار پادىشاھلارچە ئىنئام، سېخىيلارچە مەرھەمەتلىرىنى كۆرسىتىپ، ھەممىنىڭ گۇناھىنى ئەپۇ قىلىپ، دىلكەشلىك بىلەن خۇشال-خۇرام قىلدى. ئاندىن كاتتا داغدۇغا، ھەشەمەت بىلەن يەكەن شەھىرىگە كىرىپ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردى. خاھى تۇڭگانلار، خاھى ھەزرەت ئىشانلار، خاھى باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ بىرەر نەرسە دېيىشكە ھەددى بولمىدى. پۈتۈن ئەمەلدار، مەنسەپدارلار ئىتائەت كەمىرىنى بېلىگە مەھكەم باغلىدى. ناغرا-دۇمباق، كاناي-سۇنايلارنىڭ ساداسى، گۇرۇھ-گۇرۇھ، توپ-توپ بولۇپ تەبرىكلەشكە كەلگەن خالايىقلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭ غوۋغاسى پەلەكتىن ئاشتى. خوجام پادىشاھ ئىنئام-ئېھسان ۋە سېخىيلىقنىڭ ئىشىكىنى يوغان ئاچتى. ئادالەتنىڭ قانىتىنى كەڭ يايدى. نەتىجىدە قوي بىلەن بۆرە بىر كۆلچەكتە سۇ ئىچتى. لاچىن بىلەن كەپتەر بىر جايغا ئۇۋا تۇتتى. ئىنسان گۇرۇھى ھەتتا پۈتۈن مەخلۇقات ئارىسىدىمۇ ئىتتىپاقسىزلىق، دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت تۈگىتىلىپ، دوستلۇق ۋە مۇھەببەت، ئىشەنچ ۋە ساداقەتنىڭ قائىدىلىرى قۇياشقا ئوخشاش نۇر چاچتى. مۇشۇ يول بىلەن ھەممىنى خۇشال-خۇرام، خاتىرجەم-باياشاد، پاراۋان، بىغەم قىلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشانى ۋە مەقسىتى قەشقەرنى پەتھ قىلىش بولغانلىقتىن، يول راسخوتى تەييارلاش كويىغا چۈشتى. يەكەن ۋىلايىتىدىن نۇرغۇن ئەسكەر توپلاپ ياخشى كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەشقەرگە يۈرۈش قىلىشنى قارار قىلدى.

يەكەننىڭ ھۆكۈمىتىنى كۇچالىق سىدىق خوجا ئەلەم ئاخۇنۇمغا تاپشۇرۇپ، مەملىكەت ئىشىنىڭ پۈتۈن ئىختىيارىنى بەردى. قەشقەرگە بېرىشقا تەيىنلەنگەن خاھى مۇسۇلمان، خاھى تۇڭگان ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى تىزىملاپ رويخەتكە ئالدى. قۇشچى، پىلتىرچى، بازارچىلاردىن باشقا 72 مىڭ لەشكەر، چەۋەندازنى ساناق ۋە ھېسابقا ئالدى. ياخشى پەسىل ۋە ئوبدان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پىل قۇيرۇقى بولۇپ ئاتلىنىپ، يەكەن شەھىرىدىن چىقىپ، چېدىر-بارگاھلىرىنى قەشقەر يولىغا تىكتى.

ئەسكەرلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن پوش-پوش ئاۋازى، كوچا-بازارلاردا تاماشا قىلغۇچىلارنىڭ غوۋغاسى، ئەسكەرلىككە ماڭغانلارنىڭ ئۇزىشىپ خوشلاشقان ۋاراڭ-چۇرۇڭى، كاناي-سۇناي، ناغرا-دۇمباقلارنىڭ ساداسى، نەغمىچىلەرنىڭ ساز-مۇقام، ناخشا-غەزەللىرىنىڭ ئاھاڭلىرى، ئەسكەرلەرنىڭ ئاتلىرىنىڭ ئايىغىدىن چىققان توپا-تۇپراقنىڭ چاڭ-توزانلىرى پەلەككە ئۆرلىدى. كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆزلىرى كۆرمەس، ئىشتكۈچىلەرنىڭ قۇلىقى ئاڭلىماس بولدى. ئەقىل-ئىدراكتىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك داغدۇغا ھاسىل بولۇپ، گويا قىيامەت قايىم بولغاندەك بىر مەنزىرە پەيدا بولدى. خوجاملار دەۋرىدە مۇنداق كۆپ ئەسكەر جەم بولۇپ ئاتلانغان ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمىدى.

ھەممىنى ياراتقۇچى ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ قۇدرەت ئىنايىتى بىلەن جامالىددىن خوجا ئىسپان شەمشىرىنى ئېسىپ، رەڭگارەڭ تون-سەرۇپايلارنى كىيىپ، پادىشاھلىق تاجىنى بېشىغا قويۇپ، ياخشى ئارغىماق ئاتقا مىنىپ، تولۇق جابدۇنۇپ، نۇرغۇن تەبرىك، مەدھىيە-ماختاش سادالىرى ئاستىدا مەخسۇس تەييارلانغان شاھانە-بارگاھلىرىغا كېلىپ چۈشتى. بۇ يەردە ئىككى كۈن تۇرۇپ، چوڭ-كىچىك ئەسكەرلىرىگە قەدىر-ئەھۋال خىراجەت، ئۆز لايىقىدا كىيىم-كېچەك بېرىپ، ئۈچىنچى كۈنى كۆزلىگەن نىشانغا قاراپ ئاتلاندى. ئاستا-ئاستا مېڭىپ خانئېرىق يېزىسىغا كېلىپ چېدىر-بارگاھلىرىنى تىكىپ چۈشتى. ئەسكەرلەرنىڭ ئالدى-ئارقىسىنى تەڭشەپ ۋە دەڭسەپ كۆرۈپ مۇلاھىزە قىلدى: «ياقۇپ قوشبېگى مۇنداق نۇرغۇن قوشۇن كەلگەنلىكىنى بىلسە، ھەر قاچان قەشقەر ئىقلىمىدا بىردەممۇ تۇرماي قېچىپ، ئۆزىنى تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە كۆرىدۇ. لېكىن قەشقەر خەلقى ئاتنىڭ ئايىغىدا قالىدۇ» دەپ ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپلىكىگە تەمەننا قىلدى. «قەشقەرنى ھايال بولمايلا ئالىمىز» دېگەن خىيال بىلەن ئەنجانلىقلار بىلەن قىرغىزلارنى بەند قىلىپ باغلىغىلى تۆت ھارۋا كىشەن، زەنجىر ئېلىپ كەلدى. ئەمما ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇلۇغ تەڭرىمنىڭ قۇدرىتىگە ئىشىنىش ۋە يۆلىنىشنى ئۇنتۇدى. بۇ توختالغۇسى يوق پەلەك ئۇنى ئويلاشقا يول قويمىدى. مۇنداق ئۇچىغا چىققان ھەشەمەت ۋە داغدۇغىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتىدىغانلىقىنى بىلمىدى.

شۇ ئەسنادا يېڭىسار تەرەپتىن ئۇشتۇمتۇت چوڭ تۇغ نامايان بولدى. تۇغنىڭ ئارقىسىدا ئەلەم-بايراق كۆرۈندى. قارىسا، ياقۇپ قوشبېگىنىڭ قوشۇنى كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. ئەتراپقا قويغان قاراۋۇل خەۋەرچىلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ، كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى مەلۇم قىلىپ، يۇقىرىقى مۆلچەرنىڭ توغرىلىقىنى تەستىقلىدى. جامالىددىن خوجا ئۆز ئەسكەرلىرىنى كۆپ، ياقۇپ قۇشبېگىنىڭ قوشۇنىنى ئاز دەپ قاراپ، ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ بىر مۇنچىسىنى سول تەرەپكە بۇيرۇپ:

ئەجدىھاغا ئوخشاش ئىككى تەرەپتىن تەڭ باش تارتىپ يۇمىلاق چەمبەر بولۇپ، ياقۇپ قوشبېگىنىڭ قوشۇنلىرىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ تاش سېپىلدەك قاتتىق قورشاڭلار، ھەر قانداق ئادەم قولغا چۈشسە تىرىك تۇتۇپ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇق بېرىپ، ئۆز كۆڭلىدە غەم-ئەندىشىسىز خاتىرجەم بولۇپ، چېدىر-بارگاھلىرىدىن چىقمىدى. دەرۋەقە خوجىلارنىڭ ئەسكەرلىرىگە قارىغاندا، ياقۇپ قۇشبېگىنىڭ قوشۇنى تولىمۇ ئاز ئىدى. ياقۇپ قوشبېگىنىڭ قوشۇنىنى ئاسماندىكى ئۈكەرگە مىسال قىلسا، خوجىلارنىڭ ئەسكىرىنى يەتتە قەۋەت ئاسماندىكى پۈتۈن يۇلتۇزلارچە بار، دەپ پەرەز قىلسا بولاتتى. مۇشۇ چاغدا، كولاپنىڭ ئۇلۇغى ھەمراخان دېگەن كىشى 250 زەبەردەس پالۋان ئەسكەرنى قورال-ياراقلىرى بىلەن ئېلىپ ياردەمگە كەلسە، خوجاملار، بىزگە غەيرىي ئادەملىرى كېرەك ئەمەس، دەپ قوبۇل قىلمىدى. ھەمراخان نائۈمىد بولۇپ قايتىپ بېرىپ ياقۇپ قوشبېگىگە قوشۇلدى.

ياقۇپ قوشبېگى خوجاملارنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ئۆزلىرىنىڭ ئاز ۋە ئاجىزلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ تەڭرىگە تەۋەككۈل قىلدى. قەيەردە غېرىب-مۇساپىر بولسا، دۇئاسىنى ئېلىپ تەڭرىگە سېغىندى. خوجاملارنىڭ ئەسكەرلىرى ئوڭ ۋە سولغا بېرىپ سەپلىرىنى راسلاپ بولغۇچە، ياقۇپ قوشبېگىنىڭ قوشۇنىدىن ئابدۇللا پانسات ناملىق بىر باتۇر ئۆز يىگىتلىرى بىلەن ئۇشتۇمتۇت ئاسماندىن چۈشكەن بالادەك، غوجاملارنىڭ چۇۋالچاق، تەرتىپسىز ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن غازبېك پانسات، ئېزىزبەگ ۋە چاپارمەنلەر سول تەرەپكە ھۇجۇم قىلدى. ئىككى ئوتتۇرىدا ئۇرۇش-جەڭلەر ئەۋجىگە چىقتى. ئارقىدا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ ئاتقان توپ-زەمبىرەكلىرىمۇ ياقۇپ قوشبېگىنىڭ قوشۇنىنى توسۇۋالالمىدى. ئاقىۋەت خوجاملارنىڭ ئەسكەرلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي «جەڭدە تەڭ كېلەلمىسە ئارقىغا چېكىنىش، پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى» دېگەن مەشھۇر سۆزنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق توپ-زەمبىرەك، قورال-ياراق، ئوزۇق-تۈلۈك، چېدىر-بارگاھلىرىنى تاشلاپ، بىر ئات، بىر قامچا بولۇپ، ئاقسۇ يولىغا قاراپ قاچتى. «خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن ئازچىلىقمۇ كۆپچىلىك ئۈستىدىن غەلىبە قازىنالايدۇ» دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنى مۇشۇ ۋەقەدە ئەينەن ئاشكارا بولدى.

 

پارچە

 

پاراكەندە لەشكەر قولىدىن ئىش كەلمىگەي،

ئىككى يۈز جەڭچى مەردانە ياخشىراق يۈز مىڭدىن.

 

دېمەك، ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان، كوچا، شايار، يەكەننىڭ ئىككى يىللىق خىراجىتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قان-تەرى بىلەن تەييار بولغان نۇرغۇن قورال-ياراق، ئوق-دورىلار بىلەن شۇنچىلا ئەسكەر ئىككى سائەتلىك جەڭگە بەرداشلىق بېرەلمەي توزغاقتەك توزۇپ كەتتى.

 

رۇبائىي

 

خۇدايىكىم ئېرۇرلەر مالىكۇلمۇلك،

كى ھەر كىمگە بەرسە توتىيەلمۇلك.

نە ھەد بولغاي كىشىگە مۇلك ئالماق،

شەھىنشاھى كى ئولدۇر تەنزىئۇلمۇلك.

 

خوجاملار ياقۇپ قوشبېگىنى ئاجىز كۆرۈپ نېمىلەرنى دېگەن بولسا، ئۆز باشلىرىغا يېنىپ بالا بولدى. «ئورىنى كىم كولىسا، ئۆزى چۈشىدۇ» دېگەن ھەدىس بۇ ئىشلارغا دەل مۇۋاپىق كەلدى. بىر مۇنچە ئادەملەر ئۆلۈپ نابۇت بولدى. نەچچىسى ئەسىر چۈشتى. نۇرغۇنلىرى ئات-ئۇلاغ، ئىككى ئاياغلىرىدىن ئايرىلىپ، يالىڭاچ، سۇسىز، تاماقسىز، چۆل - جەزىرىلەردە ئاچ-زار بولۇپ ھالاك بولدى؛ بەزىلىرى ئاران-ئاران جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆز يۇرتلىرىغا ئۇلىشىۋالدى. بۇ كۈنى خوجاملارغا گويا قىيامەت ئاشكارا بولغاندەك بولدى. ئۇلار جانلىرىدىن بىزار بولۇپ، چۈشى ياكى ئوڭى ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمەي، بەڭ چېكىپ بېشى ئايلانغان بەڭگىدەك، كۆكنار سۈيى ئىچىپ خىيالغا كەتكەن كۆكنارچىلاردەك كۆڭۈللىرى پەرىشان، تىللىرى كېكەچ، ئۆزلىرى مالال بولۇپ، جانلىرى تۇمشۇققا كېلىپ، ئۆز قارارگاھلىرىغا يېتىپ باردى. پەلەكنىڭ سېھىرگەرلىكى، زاماننىڭ تەتۈرلۈكى، رەڭۋازلىق ھۈنىرىنى ئاشكارا قىلدى.

سەيىد ئەلەم ئاخۇنۇم پايتەخت يەكەندە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. خانئېرىقتىن قېچىپ بارغانلاردىن بولغان ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولالماي «قەشقەرگە بارىمەن» دېگەن باھانە بىلەن يەكەندىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئاقسۇ تەرەپكە قاراپ راۋان بولدى. بىر قېتىمدا ئىككى چوڭ شەھەرنى بىكارغا بەردى. قەشقەرنى ئالىمەن، دەپ يەكەندىن قۇرۇق قالدى.

 

نەزم

 

خۇدا بەرگەنگە سەن ھەرگىز ئۆچەشمە،

ئاتا ئەيلەپ ئۆزى بەردى خۇداۋەند.

 

تۇڭگانلار ئۈكەرگە ئوخشاش توپ بولۇۋېلىپ، تا ناماز شامغىچە مىلتىق، توپ-زەمبىرەكلەردىن ئوت ئېچىپ قارشىلىق كۆرسەتتى. تولا ئادەملەر نابۇت بولدى. ياقۇپ قوشبېگىنىڭ يوتىسىغا ئوق تېگىپ ھۇجۇم قىلىشتىن توختاپ قالدى. ئاقىۋەت تۇڭگانلار بىلەن سۈلھ-توختامنامە تۈزۈپ قەشقەرگە ئېلىپ بېرىپ، توپ-زەمبىرەكلىرىنى ئايرىپ قېلىپ، ھەر بىرىگە ئۆز لايىقىدا تون-سەرۇپاي، سوۋغا-ئەمەللەر بېرىپ، ئۆزىگە تەۋە ۋە رام قىلىپ قايتۇردى. ياقۇپ قوشبېگى چېدىر-بارگاھ، ياراق-ئەسلىھە، خەزىنە-دەپنە، شاھانە كىيىم-كېچەك قاتارلىق نۇرغۇن مال-مۈلۈكلەرگە ئىگە بولۇپ، خۇشال ۋە پاراۋان بولدى.

 

نەزم

 

ھەرچە خالىق خالىغانىن ئول بولۇر،

ئانچە مەخلۇق خالىغان قايدا بولۇر.

 

8

 

بۇرھانىددىن خوجامنىڭ ۋۇجۇد بېغىنىڭ غۇنچە نەۋباھارى، كۆڭۈل سەدىپىنىڭ دۇررى مارجانى يەنى مەھمۇدىن خوجام پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەھۋالى؛ مەن كەمىنە  نىڭ سەرگۈزەشتلىرى؛ غەيرىي سۈلۈكتىكى  گۇرۇھلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادى

 

ھۆرمەتلىك دوست ۋە بۇرادەرلەرنىڭ روشەن كۆڭۈللىرىدىن مەخپىي قالمىغايكى، بۇرھانىددىن خوجام كىچىك ئوغلى مەھمۇدىن خوجامنى ئۆز ئورنىدا ئۈچتۇرپاننىڭ ھۆكۈمرانى قىلىپ، ئۈچتۇرپاننىڭ ئىلگىرىكى ھاكىمى توختىبەگ ۋە كۇچالىق تەلەي دادخاھلارنى ئۇنىڭ خىزمىتىدە قويدى.

مەھمۇدىن خوجام ئۈچتۇرپان ھۆكۈمىتىنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن «ئىسلام ئۆتكەن ئىشلارنى تەكرارلىمايدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق ئىلگىرىكى مەنسەپدار، زالىم ئەمەلدارلارنىڭ قائىدىلىرىنى يوق قىلدى. خاھى پادىشاھلىق قائىدىسى، خاھى يۇرتدارچىلىق ئىشلىرىدا شەرىئەت ھۆكۈمى بويىچە ئىش ئېلىپ باردى. ئۈچ يىل بىر ئاي ئۆتكۈچە ھېچكىم دەخلى قىلالمىدى. مەھمۇدىن خوجام ھەممە خوجاملاردىن ياشتا كىچىك بولسىمۇ، پەم-پاراسەتتە، ئىلىم-دىيانەتتە ۋە پەزلى-كامالەتتە ھەممىدىن ئۈستۈن ئىدى. ئۈچتۇرپاندا ئۇزۇندىن بېرى كاپىرلارنىڭ قائىدە-قانۇنى، زالىم بەگلەرنىڭ رەسىم-يوسۇنلىرى جارى بولۇپ، «سۆھبەتدىشىڭ قانداق بولسا سەنمۇ شۇنداق بولىسەن» دېگەندەك، ئەل ئارىسىدا يامان ئىشلار ئەۋج ئېلىپ، ياخشى بىلەن يامان پەرقلەندۈرۈلمىگەنىدى. مەھمۇدىن خوجام خالايىقنىڭ قەلبىگە ئورنىشىپ كەتكەن يامان ئىشلارنى تازىلاپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا پەيغەمىبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىنى تىكىپ ئولتۇرغۇزۇپ، سىياسەت شەمشىرىنىڭ سۇ ۋە تۇپرىقى بىلەن پەرۋىش قىلىپ كۆكەرتىپ، گۈل-گۈلىستان قىلدى. دېمەك، «جەننەت قىلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا» دېگەن ھەدىسنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلاندى. شەھەر-سەھرالاردىكى مەسجىدلەرگە ئىمام، مەزىن تەيىنلەپ، بەش ۋاق نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلدۇردى. ئىسلام شەرىئەتلىرىنى كىتاب ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرى، ساھابىلەرنىڭ رىۋايەتلىرىگە مۇۋاپىق جارى قىلىپ، ھېچقانداق كىشىگە يۈز-خاتىرە قىلمىدى. ھەتتا قىمارۋاز، كەپتەرۋاز، تۇخۇمباز قاتارلىق ھەممە يامان ئىش قىلغۇچىلارنى مەنئى قىلىپ يوقاتتى. ئەمما ئۆزى شەترەنجى (شاھمات) باز ئىدى. ھەر بىر ئىشنى شەرىئەت ھۆكۈمى ۋە پۇقرالارنىڭ خاھىشى، رايى بويىچە ئادا قىلغانلىقى ئۈچۈن چوڭ-كىچىك ھەممە ئۇنىڭدىن رازى ۋە خۇشال ئىدى.

مەن كەمىنە مۇئەللىپ  مەھمۇدىن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ-قوپۇشتا دائىم بىللە بولىدىغان سىردىشى ۋە ئۈلپەتدىشى ئىدىم. خاھى ئۆلىما، خاھى پازىل، خاھى ھاكىم، خاھى دادخاھ  بولسۇن، مېنىڭ مەسلىھىتىمسىز بىر ئىش قىلالمايتتى. چۈنكى، مەن كۇچادا مەھمۇدىن خوجام بىلەن بىر مەدرىسە، بىر ھۇجرىدا يەتتە-سەككىز يىل بىللە يېتىپ قوپقان ھەم قۇرداش  ھەم ساۋاقداش ئىدىم.

شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۈچتۇرپانلىق باي مۇھەممەد قازىبەگ مېنى ئىپتارغا تەكلىپ قىلدى ھەم:

ئىپتار قىلىپ بولۇپ، قونۇپ ئەتىسى قايتىپ كەتسىلە، پادىشاھتىنمۇ شۇنداق رۇخسەت ئالسىلا، دەپ تەكىتلىدى.

باي مۇھەممەد قازىبەگنىڭ ھويلىسى شەھەرنىڭ سىرتىدا ئىدى. چۈنكى مەن پادىشاھتىن رۇخسەتسىز بىرەر كېچە باشقا يەردە قونۇپ قالالمايتتىم. بۇنىڭ سەۋەبى پادىشاھلىق ئوردىدا بەش ۋاق نامازغا ئىمام، جۈمە نامىزىغا خېتىپ ئىدىم. پادىشاھنىڭ ھەممە مەخپىي گەپ-سۆز، خەت-ئالاقىلىرىگە سىرداش ئىدىم. ئوردىغا كىرىدىغان توققۇز قاراۋۇل (پوس) غا مەن مەسئۇل ئىدىم. مېنىڭ رۇخستىمسىز ھېچقانداق كىشى قاراۋۇلدىن ئۆتەلمەيتتى.

مەھمۇدىن خوجا پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغاندا مۆھۈر ئويدۇرۇش لازىم بولۇپ، مۆھۈرگە ئويىدىغان سۆزنى ھەركىم ھەر نەرسە دەپ «سەجئى»  قىلدى. شۇ قاتاردا مەنمۇ:

يافەت ئىززەت زى ھەزرىتى مەئبۇد،

ئىبنى بۇرھانىددىن خوجا مەھمۇد.

دەپ «سەجئى» قىلدىم. ئاخىر يازغىنىم ياراپ قېلىپ قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مېنى مۆھۈر ئويدۇرۇشقا مەسئۇل قىلدى. مەن مۆھۈر ئويغۇچىنىڭ قېشىدا تۇرۇپ ئويدۇرۇپ تەييار قىلدىم. مېنىڭ بۇ خىزمىتىم ناھايىتى ئەرزىگەنلىكتىن مەھمۇدىن خوجا تولىمۇ خۇرسەن ۋە خۇشال بولدى. مېنى مۆھۈردار، يەنى مۆھۈر تۇتقۇچى قىلىپ بەلگىلەپ مۆھۈرنى ماڭا تاپشۇردى. ھەر قانداق يارلىق، ئەمر-پەرمان، قانۇن-دەستەكلەرنى ماڭا تاپشۇراتتى. مەن مۆھۈر باسقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولاتتى.

خىتايلاردىن ئولجىغا ئالغان بۇغداي ئامبىرى، ئۇن ئامبىرى، ئارپا ئامبىرى قاتارلىق ئۈچ خىل ئاشلىق ئامبىرىنى مېنىڭ باشقۇرۇشۇمغا تاپشۇرغانىدى. بۇ ئاشلىقلارنى ئوردىنىڭ مەخسۇس ئالىي ئاشخانىسى، ئاتخانىسى ۋە خاس خىزمەتچى مەھرەملەرنىڭ ئاتلىرىغا ئىشلىتەتتى. مەن ئۆز ئورنۇمدا ئاشلىق ئامبارلىرىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئىنىم مۇھەممەد خەلىپىنى قويدۇم. ئەمما ھەممە نەرسىنى بەلگىلىمە، ئۆلچەم، بۇيرۇق بىلەن سەرپ قىلاتتى. مەخسۇس ئالىي ئاشخانىغا لازىم بولىدىغان گۆش-ياغ، گۈرۈچ، سەۋزە-پىياز، چاي-تۇز، ئوتۇن قاتارلىقلارغا ئامباردىكى ئاشلىقنى سېتىپ خىراجەت قىلاتتى. ئامباردىكى ئاشلىقلار شۇ قەدەر تولا ئىدىكى، ئىككى يىلدىن كېيىن كىرىپ قاراپ باقسام، تۆت ھەسسىنىڭ بىر ھەسسىسىمۇ تۈگىمەپتۇ. ئۆزۈمگە بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن تاشقىرى بىر سەر ئاشلىقنىمۇ ئارتۇق ئالمىدىم. ئىنىم مۇھەممەد خەلىپە بىلەن بىر ھويلىدا بولغانلىقىم ئۈچۈن، بەزى چاغلاردا چىراغ يېغى ياكى شام لازىم بولۇپ قالسا، بازار نەرخى ھېسابلاپ پۇل بېرىپ ئالاتتىم. ئاشخانا ۋە ئاتخانىلارغىمۇ ئۆلچەمدىن تاشقىرى كەڭرى ئىشلەتمىدۇق ياكى سېتىپ پۇلىنى يانچۇقىمىزغا سالمىدۇق. بۇ مېنىڭ پەرھىزكار ۋە تەقۋادارلىقىمدىن بولغان ئىش بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىنساپ، ئېھتىيات ۋە دىيانىتىمدىن بولدى. يەنە توققۇز ئامباردا لىقمۇ لىق ئاشلىق بار ئىدى. بۇلار كېيىن ئاتىلىق  غازىنىڭ قولىغا چۈشتى.

دېمەك، مەن مەھمۇدىن خوجىدىن مۇھەممەد قازىبەگنىڭ دېگىنىدەك رۇخسەت ئېلىپ ئىپتارغا باردىم. كەڭرى نازۇنېمەتلەر بىلەن ئىپتار قىلىپ ئاندىن ناماز تەراۋىسىنى ئادا قىلدۇق. تەراۋىدىن يېنىپ مەخسۇس ھازىرلانغان مېھمانخانىغا كىردۇق. كۆڭلۈنى مەپتۇن قىلىدىغان نەغمە-ساز، ناخشا-ناۋا بىلەن مەشرەپ بولدى. مەشرەپ ۋە مېھماندارچىلىق قائىدىسىنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ بەجا كەلتۈردى. ۋاقىت يېرىم كېچە بولغاندا يالغۇز مېنى چاقىرىپ يەنە بىر خاس مېھمانخانىغا ئېلىپ كىردى. بۇ ئۆيدە ئۈچتۇرپاننىڭ كونا بەگلىرىدىن قۇربان خەزىنىچى بەگ، موللا ئىمىن شەيخ ۋە موللا تۆرە، مېھمانبەگ باشلىق 15كە يېقىن كىشىلەر ئولتۇرغانىكەن. مەن كىرگەندىن كېيىن يەنە زىياپەت قائىدىلىرى تەلتۆكۈس ئادا قىلىنغاندىن كېيىن يۇرت ئۇلۇغلىرى مۇنداق دېدى: «بۇرھانىددىن خوجامنىڭ كۆڭلى يۇمشاق ياخشى كىشى. ھامىددىن خوجام بولسا ناھايىتى غەيرەتلىك، غەزىپى زىيادە، ئاچچىقى يامان كىشى ئىكەن. مەھمۇدىن خوجام ھازىر ناھايىتى ياخشى سوراۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن چوڭ-كىچىك، ھەممە خەلق رازى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇرھانىددىن خوجام، ھامىددىن خوجاملار يۇرتدارچىلىق ئىشىغا ئارىلاشماي تىنچ يېتىپ ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانسا، مەھمۇددىن خوجام ھۆكۈمرانلىق ئىشى بىلەن مەشغۇل بولسا بولىدۇ. مۇبادا خوجاملارنىڭ ھەممىسى يۇرتدارچىلىق ئىشىغا ئارىلىشىپ دەخلى قىلسا ئوبدان بولمايدۇ. بىزنىڭ شۇ ئىلتىماسىمىزنى ئۆزلىرى يەتكۈزۈپ ماقۇل قىلىپ، توختام قىلىپ بەرسىلە، بىز ناھايىتى خۇرسەن بولىمىز. ئەگەر بۇ ئىلتىماسىمىز ماقۇل كۆرۈلمىسە، ئىش يامان بولىدۇ، ۋەسسالام» دەپ گەپنى تۈگەتتى.

ئەتىسى، مەن قايتىپ كېلىپ ئۇلارنىڭ غەرەز-مۇددىئاسىنى مەھمۇدىن خوجامغا بىر-بىرلەپ ئىزھار قىلىپ يەتكۈزدۈم. مەھمۇدىن خوجام «بۇ گەپنى مەيلى دادام، مەيلى ئاكامغا مەلۇم قىلمىسىلا، ئۆزۈم يولى بىلەن ئېيتىپ ماقۇل قىلىمەن»، دېدى. ئۇنىڭغىچە ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتتى. تۆتىنچى كۈنى كېچىسى بولغاندا ئۈچتۇرپان خەلقى قوزغىلىپ قارا كالتەك بولۇپ مەھمۇدىن خوجامغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ مازار تېرەك دېگەن جايغا توپلاندى. بۇ خەۋەر يېتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇرھانىددىن خوجام موللا توختى مۆھتېسىپ دېگەن كىشىنى، مەھمۇدىن خوجام مېنى (ئاپتورنىڭ ئۆزىنى) ئەلچىلىككە تايىن قىلدى. ئەتىسى ئىككىمىز ئەلچىلىك سۈپىتىدە شەھەردىن چىقىپ كۈن چىققان چاغدا مازار تېرەككە يېتىپ باردۇق. يىراق-يېقىندىكى خالايىق بىرلىشىپ مەھمۇدىن خوجىدىن يۈز ئۆرۈپ مىرزاجان ھەزرەت دېگەن كىشىنى ئۆزلىرىگە ئۇلۇغ قىلىپ سايلاپتۇ.

ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئۇلار بىزنى ئۆيگە باشلاپ كىردى. ئەلچىلىك سۈپىتىدە تۇرۇپ ئېيتتۇقكى:

خوجاملار، كىچىك-چوڭ يۇرت ئەھلى بۇ خىل سۆز-ھەرىكىتىدىن يانسۇن، يۇرتدارچىلىققا قايسى ئىش توغرا بولمىغان بولسا، ئۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئىلاجىنى قىلايلى. ئەگەر كۆڭلى ئاغرىغان بولسا، تون كىيدۈرۈپ، چاي قۇيۇپ كۆڭلىنى ئالايلى، دەپ بىزنى چىقاردى، دېدۇق. بىزنىڭ بۇ گېپىمىزنى ئاڭلاپ مىرزاجان ھەزرەت باشلىق كاتتىلار باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي تۇرغانلىرىدا، ئىمىن شەيخ قوپۇپ:

قىرغىز، قازاقلارمۇ ئۆزىنىڭ يۇرتىنى ئۆزى سوراۋاتىدۇ. بىزمۇ قىرغىز، قازاقلاردىن قالغۇچىلىكىمىز يوق. ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىنى ئۆزىمىز سورىساق نېمە بوپتۇ. خوجاملار ھەر قانچە جاپا-مۇشەققەت تارتقان بولسا، ئۇنىڭ ئەجرى قولىغا تەگدى. ياراق-جابدۇقتىن باشقا ھەر قانداق نەرسىلىرى بولسا ئۆزلىرى ئېلىپ كەتسە، ئات-ئۇلاغ تەييارلاپ يولغا سالساق، ئەگەر مۇنداق بولمايدىكەن كىيگەن تونىمىز كېپەن، ئىچىدىغان چېيىمىز ئەجەل شەربىتى بولىدۇ، سۆز تامام، دېدى. شۇنىڭ بىلەن موللا توختى مۆھتېسىپكە بىر ئادەم قوشۇپ شەھەرگە كىرگۈزدى. مېنى كىرگۈزگەن ئادىمىنىڭ ئورنىغا بارىمتاي قىلىپ تۇتۇپ قالدى. شۇ كۈنى جۈمە كۈنى بولۇپ، توپلانغان قوزغىلاڭچىلار مازار تېرەكتىكى مەسجىدتە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن مىرازاجان ھەزرەتنى ئاق كىگىز ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ ئۆزلىرىگە پادىشاھ تىكلەپ، يىغا-زار بىلەن شەھەر تەرەپكە قاراپ راۋان بولدى. ئەمما ئاق كىگىز ئۈستىدىن مىرزاجان ھەزرەت يىقىلىپ چۈشتى، نەسلىك باشلاندى. شۇ ماڭغىنىچە بېرىپ بىر دەرۋازىنى ئېچىپ كىرىپ يەنە بىر دەرۋازىغە بارغۇچە ھامىددىن خوجا توپ-زەمبىرەك ئېتىپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ بىر مۇنچىسىنى ئۆلتۈرۈپ، قالغانلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ دەرۋازىنى ئېتىۋالدى ۋە سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئوق ئېتىپ ھېچ كىشىنى يېقىن كەلتۈرمىدى. قوزغىلاڭچىلار مېنى بىر ئۆيگە قاماپ قويۇپ بىر نەچچە كىشىنى ساقلاشقا قويدى. قوزغىلاڭچىلار بەش كېچە-كۈندۈز پۈتۈن كۈچى بىلەن جەڭ قىلغان بولسىمۇ شەھەرنى ئالالمىدى. نۇرغۇن ئادەم زايە بولدى. يەتتىنچى كېچىسى بولغاندا مىرزاجان ھەزرەت مېنى قاماپ قويغان ئۆيدىن ئېلىپ چىقىپ، ئۈچتۇرپاننىڭ ۋە قىرغىزلارنىڭ چوڭ-كىچىك بەگلىرى، تۇڭگانلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ ئالدىدا:

ئۆزلىرى بىز تەرەپكە خوجامنىڭ ئەلچىسى بولۇپ چىققان، ئەمدى بىز تەرەپتىن خوجامغا ئەلچى بولۇپ بېرىپ ئىككى تەرەپنى ئەپلەشتۈرۈپ قويسىلا. يۇرت ئەھلىگە مەن پەند-نەسىھەت قىلدىم. ئىلگىرىكىدەك خوجاملار پادىشاھ، بىز يۇرت ئەھلى پۇقرا بولىدىغان بولدۇق، دېدى.

مېنىڭ مىنىپ چىققان ئېتىمنى سابىت يۈز بېگى ئولجا قىلىۋالغانىكەن. تېپىپ چىقىپ قايتۇرۇپ بەردى. مېنىڭ كەينىمدىن خوجاملار سەمەرقەندلىك موللا قەلەندەر ئاخۇن دېگەن مۆتىۋەر كىشىنى ئەلچى قىلىپ چىقارغانىكەن. ئۇ كىشىمۇ مېنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە قاماپ قويۇلغانىدى. ئۇنىمۇ سوراپ ئېلىپ ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلىپ شەھەرگە قايتتىم. بىزگە قوزغىلاڭچىلارنىڭ دەخلى قىلماسلىقى ئۈچۈن تۆت بەگنى قوشقانىدى. ئەسلىدە تۇمشۇق تاغدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇپ قايتىپ كەتمەكچىدى. تۇمشۇق تاغقا كەلگەندىن كېيىن قوشۇلۇپ كەلگەن بەگلەردىن نورۇزبەگ مىڭ بېگى قۇلىقىمغا ئاستا مۇنداق دېدى: «مېنى پالاكەت بېسىپ بۇلارغا قوشۇلۇپ قاپتىمەن. ئۆزلىرى بىلەن شەھەرگە كىرىپ كەتسەم زايە قىلىۋېتەرمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن دەرھال ئەھۋالنى مۆلچەرلەپ ئاشكارىلاپ:

مېنىڭ بىلەن شەھەرگە بىللە كىرسىلە، ھەر قانداق شارائىتتا قۇتۇلدۇرۇپ قالىمەن، بۇ توغرىدا مەن كېپىل، دېدىم. باشقا بەگلەرمۇ ئاڭلاپ:

بىزمۇ بىللە كىرسەك، دېيىشتى. ئۇلارغىمۇ كېپىل بولۇپ شەھەرگە ئېلىپ كىردىم.

ئۈچ دەرۋازىغا ئۈچ خوجام مۇئەككەل ئىكەن. مەن ھامىددىن خوجام بار دەرۋازا بىلەن كىردىم. ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ۋەقەنى بىر-بىرلەپ بايان قىلدىم. ھامىددىن خوجام ناھايىتى خۇشال ۋە مىننەتدار بولۇپ سەللە-كۇلاھ، تون-سەرۇپاي ئىنئام قىلدى. موللا قەلەندەر ئاخۇن باشلىق بەگلەرنى ئېلىپ كىرىشكە ئادەم بۇيرۇدى. شۇ ئەسنادا بىر كىشى كېلىپ مېنى بۇرھانىددىن خوجامنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ باردى. ئەھۋالنى بىر-بىرلەپ بايان قىلغىنىمدىن كېيىن، ھەددىدىن زىيادە خۇشال بولۇپ، كۆزلىرىدىن يامغۇردەك ياش تۆكۈپ يىغلاپ تۇرۇپ دۇئا قىلدى. چۈنكى شۇ كۈنلەردە خوجاملار قورشاۋدا قېلىپ، تاقەتلىرى تاق بولۇپ، شەھەردىن قېچىپ كېتىدىغاننىڭ ئىلاجىنى تاپالماي ھەم قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلمەي كېلىدىغان بالا-قازاغا رازى بولۇپ تۇرۇشقانىكەن.

شۇ كۈنى ئىپتارغا يېقىن ھامىددىن خوجام توپ-زەمبىرەك بىلەن يىگىت-سەركەردىلىرىنى باشلاپ مازار تېرەككە بېرىپ، مىرزاجان ھەزرەتنىڭ ھويلىسىنى قورشىۋېلىپ ئىككى تەرەپتىن زەمبىرەككە تۇتتى. قوزغىلاڭچىلار ئىپتار بىلەن بولۇپ خەۋەرسىز قالغاچقا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، مىرزاجان ھەزرەتنى تىرىك تۇتۇپ باغلاپ شەھەرگە ئېلىپ كىردى. شۇ كېچىسى مەيلى ياخشى، مەيلى ياماننى ئۇچرىغان يەردە ئۆلتۈردى. ئۈچتۇرپاننىڭ بۇرۇنقى ھاكىمى توختىبەگ، ئىنىسى ئاقبەگ، باي مۇھەممەد قازى، قۇربان خەزىنىچى باشلىق نۇرغۇن مۆتىۋەر كىشىلەر تىرىك قولغا چۈشتى. قىرغىز بەگلىرى باشلىق بىر مۇنچە كىشىلەر قەشقەرگە كەتتى. بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى يولدا قىرغىزلار تالان-تاراج قىلىپ يوق قىلدى. بەزىلىرى سوغۇقتا توڭلاپ نابۇت بولدى. ئىمىن شەيخ باشلىق بىر مۇنچە ئادەملەر ئىلى تەرەپكە قېچىپ بېرىپ چۆل-جەزىرىلەردە ھالاك بولدى. ئاتا-بالىدىن، بالا-ئاتىدىن خەۋەرسىز گويا قىيامەت بولغاندەك ھەممە ئۆز ھالى بىلەن ۋەيران ۋە سەرگەردان بولدى. ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى 2000 دىن زىيادە دەپ ھېسابقا ئېلىشتى. بۇنىڭدىن باشقا تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ چۆل-باياۋاندا ئۆلگەنلەرنىڭ ھېسابى يوق.

خوجاملار ئۈچتۇرپان شەھىرىنى قولغا كىرگۈزگەنلەرنىڭ ھاراقخانىنىڭ ھاراق قاينىتىدىغان چوڭ قازىنى ئولجا چۈشكەنىدى. بۇ قازاننى خوجاملار قۇتلۇق مازارغا ۋەخپە قىلىپ بەرگەنىدى. قوزغىلاڭچىلار بۇ قازاننى مىرزاجان ھەزرەتنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ بېرىپ غىزا قىلىپ يېيىشكەنىكەن. ھامىددىن خوجام كېلىپ زەمبىرەككە ئوت ياققان چاغدا، بۇ قازاندىن ئۇماچ ئۇسۇپ بېرىۋاتقان ئىككى كىشى قازانغا چۈشۈپ كېتىپ ئۇماچقا مىلىنىپ ھالاك بولۇپتۇ.

ھامىددىن خوجام، قوزغىلاڭچىلاردىن تىرىك قولغا چۈشكەنلەرنى بىر-بىرلەپ سوراق قىلىپ، ھەر كېچىسى ئۆلتۈرۈپ قۇدۇققا تاشلاتقۇزدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا يەتتە قۇدۇق ئادەم ئۆلۈكى بىلەن لىقمۇلىق تولدى. ئاغزىنى كۆمدۈرۈۋەتتى.

دېمەك، قوزغىلاڭچىلارنىڭ بېشىغا بۇ ئالەمدە بولىدىغان بالا-قازا، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ ھەممىسى كەلدى. بۇنى بىر-بىرلەپ بايان قىلسام، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تەبىئىتىگە ئېغىر كېلىشى مۇمكىن.

بۇ قوزغىلاڭچىلارنىڭ مۇنداق ھالاكەتلەرگە دۇچار بولۇشىدا سەۋەب بار ئىدى. سەۋەبسىز بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ سەۋەب شۇكى: ئۈچتۇرپان ئەھلى ناھايىتى ئېتىقادلىق مۇسۇلمان، شەرىئەت ھۆكمىگە قاتتىق رىئايە قىلىدىغان بولسىمۇ، يەنە غەلىتە ئېتىقادتىكى كىشىلەرمۇ بار ئىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنى كەبىرۇيە سۈلۈكىدە دېسە، يەنە بەزىلىرى ئىسھاقىيە، نىمىتىيە، رەبۇدىيە، دۇۋانىيە  سۈلۈكىدە بىز دەپ خىلمۇخىل سۈلۈكلەرنىڭ ئېتىقادچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشەتتى. ھەتتا بەزىلىرى غوجاملارغا بولغان ئىخلاسلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۇپ «ئاللاھ خوجام» دەپ تەڭرى بىلەن خوجاملارنىڭ ئارىسىغا ھېچقانداق كىشىنى سىغدۇرمايتتى. خوجاملار يېڭى بارغان چاغدا «بىز تەلەپ قىلغان كۆڭلىمىزدىكى خوجىمىز مۇشۇ» دەپ ئەقىدىلىرىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ئاتلىرىنى يىلقىسى بىلەن، قويلىرىنى قوتىنى بىلەن، كالىلىرىنى ئېغىلى بىلەن ھەدىيە قىلىپ بېرىپ دۇئاسىنى ئالغانىدى. ئەمما خوجاملار ھەممە خالايىق ئوخشاش پۇقرا دەپ قاراپ، ئۇلارغا باشقىچە كۆزقاراشتا بولمىدى. بۇ گۇرۇھ مۇشۇ توغرىدىن ئاغرىنىپ:

بىز دېگەن خوجا بۇ ئەمەسكەن، دەپ ئاخىر يۈز ئۆرۈدى. باشقىلار ئۇلاردىن:

«ئاللاھ خوجام» دەپ ئاتايدىكەنسىزلەر، زادى ئىسمى نېمە؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلارنىڭ خەلىپە ۋە ماشايىخلىرى:

بىز خوجامنىڭ مۇبارەك ئىسىملىرىنى ئاغزىمىزغا ئالالمايمىز. ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ ئاللاھ خوجام، دەپ كەلگەنىكەن، بىزمۇ ئاللاھ خوجام دېسەك خوجاملار ئۆزى تېپىۋالىدۇ. بىز تېخى ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان، دېگەنىدى.

سوپى ئاللايار ئۆزىنىڭ «سۇباتىل ئاجىزىن» دېگەن كىتابىدا مۇنداق يازغان:

 

بولۇپتۇر ھەم تەقى بىر پىرقە پەيدا،

ئاتى مۇئمىن ۋەلى نەپسىگە شەيدا.

يىغارلەر پارەئى بوينى يوغاننى،

سالۇرلەر ئوتراغە قىزۇ-جۇۋاننى.

ئالىپ بارسا كىشى ئەھلى ئايالىن،

كۆتەرۇر بىھىممەتلىك ۋەبالىن.

ھارام ئىشنى كى تائەت بىلسە ئىنسان،

ئېرۇر بول ئېتىقادى نا مۇسۇلمان.

بۇ ئەيغان پىرقە كىم زال مەسەلدۇر،

شەرىئەت ئەھلى بۇ ئەلدىن خىجىلدۇر.

 

بۇ شېئىر مۇشۇلارنىڭ شەنىگە لايىقتۇر.

يەنە بىر سەۋەب، بۇ گۇرۇھتىكى كىشىلەر، ئەر-خوتۇن بىر ئۆيگە يىغىلىپ، يوغان قازانغا جىق كۆكچاي سېلىپ، نەچچە قاچا-تاۋاقلاردا قايماقنى قۇيۇپ قاينىتىدىكەن. ئىناۋەتلىك مۆتىۋەر ئادەمدىن بىرىنى ئۇسۇپ بېرىشكە تەيىن قىلىدىكەن. ئۇ كىشى غۇسۇل تەرەت ئېلىپ چۆمۈچنى تۇتۇپ قاچا-قاچىلارغا ئۇسۇپ تەۋەررۈك-تەۋەررۈك دەپ بېرىدىكەن. باشقىلار تەزىم-تەۋەززۇ بىلەن ئېلىپ ئىچىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن نەغمە باشلىنىپ ئەر-خوتۇن ئۇسسۇلغا چۈشىدىكەن. گاھى يىقىلىپ، گاھى قوپۇپ، مەست ۋە بىھوش بولۇپ، ئاغزىدىن كۆپۈك كېلىپ ھۇزۇر قىلىشىدىكەن. بۇلار «ھۇزۇرۇم» دەپ بىر مۇقام ئىختىرا قىلغانىكەن. (سازەندىلەر ھازىرمۇ بەزى يىغىلىشلاردا «ھۇزۇرۇم» مۇقامىغا ئوينايدۇ)

شۇنداق قىلىپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئۇلار ھوشلىرىغا كەلگەن بولۇپ «ئۇھ» تارتىشىپ، كۆزلىرىنى ئېچىپ ئولتۇرۇشىدىكەن. مۇنداق قىلىقنى «كەبىرۇيە سۈلۈكى» دەپ ئاتىشىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بولسا، بۇ پۈتۈنلەي شەرىئەتكە خىلاپ ھەرىكەت.

بىر كۈنى بۇ گۇرۇھنىڭ ئۇلۇغ خەلىپىسى خوجاملارنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ تەۋەررۈك كۆكچاي تىلەپ ئالغاندىن كېيىن:

بىزگە دۇئا قىلىپ بەرگىلى ئۆزلىرىدىن بىر ئادەم تىلەيمىز، دەپ ئىلتىجا قىلدى.

خوجاملار مەن كەمىنە يازغۇچىنى بۇيرۇدى. مەن ئۇلارنىڭ سۆھبەتلىرىنىڭ ئۈستىگە بېرىپ ئەھۋالنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئاۋۋال باشلاپ خوتۇنلار بىلەن ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلىپ:

تەۋەررۈك قىلىپ باشلاپ بەرسىلە، دەپ ئىلتىماس قىلدى.

مەن تېخى ياش، دەپ ئۆزرە ئېيتىپ، بىر پېشقەدەم كىشىنى ئۆز ئورنۇمدا تەكلىپ قىلدىم. سۆھبەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۇلار «ئۆزلىرى بىزنىڭ سۈلۈكىمىز بىلەن كەم شۇغۇللانغاندەك تۇرىلا» دېۋىدى، مەن: «ھازىر مەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ شەرىئەت سۈلۈكلىرىنى تولۇق ئادا قىلالمىدىم. ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن سىلەرنىڭ سۈلۈكىڭلارغا ئىشتىراك قىلساممىكىن» دەپ جاۋاب بەردىم.

خوجاملار مېنى بىلمەستىن سۈلۈكلىرىنى ئىزھار قىلغانىكەن ھەم ئۇقۇشماي تەۋەررۈك چايلىرىغا باشلاپ چىققانىكەن. بىزنى ئۆز سۈلۈكىدە دەپ گۇمان قىلغانلىرىغا كېيىن پۇشايمان قىلىشتى، ئەمما پايدىسى بولمىدى.

شەرىئەتنىڭ ھىمايىچىسى بولغان غوجام پادىشاھ بۇ گۇرۇھتىكىلەرنىڭ نا توغرا يولىنى توغرا يول دەپ تونۇپ، بىدئەتنى سۈننەتتىن پەرقلەندۈرمىگەنلىكىنى بىلىپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ شەرىئەتلىرىگە تەتبىقلاپ مەشھۇر ئۆلىمالاردىن پەتىۋا  ئېلىپ، پەتىۋانىڭ مەزمۇنىنى خالايىققا ئېلان قىلدى ۋە جاكار قىلىپ «ھەممە ئىشتا نەسىھەت ۋە توغرىلىقنى تۇتۇشنىڭ ئۆزى دىن دېمەكتۇر» دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق ياخشى سۆز، شېرىن گەپلەر بىلەن ۋەز-نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ پايدىسى بولمىدى. يەنە بىگانە ئەر-خوتۇنلار بىر يەرگە يىغىلىپ سۆھبەت قىلغانلىقلىرىنى ئاڭلاپ، چاقىرتىپ كېلىپ شەرىئەت قامچىسى بىلەن دەررە ئۇرۇپ قاتتىق جازالىدى. ئۇلار بۇنىڭدىن ئاغرىنىپ ئاداۋەت تۇخۇمىنى تېرىپ، خۇسۇمەت تىكىنىنى چاچتى. دۈشمەنلىك ئاداۋىتى ئۆرلەپ ئالىتوپىلاڭ كۆتۈردى. ئاقىۋىتى جەڭ-جېدەلگە ئايلاندى. كۆيۈپ تۇرغان چىراغقا پەرۋانە ئۆزىنى ئۇرغاندەك ئۆزىنى ئۇرۇپ ھالاك بولۇپ تۈگەشتى.

 

نەزم

 

چىراغىنكى ھەق ياندۇردى قويدى،

كىشىكىم «پۈف» دېدى ساقالى كۆيدى.

 

 

9

 

خوتەن بىلەن ئىلىغا ئەۋەتىلگەن ئەلچى، مەكتۇپلار ۋە ئۇ تەرەپتىن كەلگەن ئەلچىلەرنىڭ ۋەقەلىرى

 

كوچا شەھىرىدە قوزغىلاڭ بولۇپ راشىددىن خوجامنىڭ غەلىبە قازانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئالتە شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك ئاھالىلىرىگە، ھەتتا ئەتراپ ئالەمگە تارقىلىپ كەتتى. شەھەردىكى مۇسۇلمانلار ۋە تۇڭگانلار ئىسلام ئېچىش مۇددىئاسى بىلەن كاپىرلارنىڭ بېشىغا تىغ تارتىپ، كاپىرلارغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتتى. جۈملىدىن ئىلىدىكى تارانچى ۋە تۇڭگانلارمۇ كاپىرلارغا ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈپ، موللا شەۋكەت ئەلەم ئاخۇنۇمنى ئۆزلىرىگە باشلىق قىلىپ سايلىدى. خوتەن خەلقىمۇ كاپىرلارغا بويسۇنۇشنى رەت قىلدى. يەكەن ۋە قەشقەر ئاھالىسىمۇ غەيرىي دىندىكىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. چۈنكى، كوچا شەھىرى، بۇ ئالتە شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئوخشاش بولۇپ، بېرىش-كېلىش ئۈچۈن كۇچادىن ئۆتمەي بولمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ شەھەرلەر قوزغىلىپ، ھەر قايسىسى ئۆزلىرىگە يېڭىدىن باشلىق ۋە ھاكىم سايلاپ ئالدى. بولۇپمۇ خوتەن خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ، داموللا ھاجى ھەبىبۇللاھ مۇپتى دېگەن پەرھىزكار ۋە شەرىئەتپەرۋەر بىر كىشىنى ئۆزلىرىگە باشلىق قىلىپ، دىنسىزلار ئۈستىگە تىغ تارتىپ، پات-پۇرسەتتىلا غەلىبە قازاندى. تۇڭگانلارنىمۇ دىنسىزلار بىلەن ئوخشاش، دەپ ھېسابلاپ، ئۇلارنىمۇ يوقاتتى.

شۇ كۈنلەردە نەزرىددىن خوجا ھاجى خەزىنىچى بەگنىڭ ھەمراھلىقىدا كۇچادىن كېلىپ يەكەننى قولغا كىرگۈزگەنىدى. ھايال بولمايلا نەزرىددىن خوجا ھاجى خەزىنىچى بەگكە 700 مۇسۇلمان، 300 تۇڭگان جەمئىي 1000 نەپەر ئەسكەرنى قوشۇپ خوتەنگە بېرىشنى بۇيرۇپ مۇنداق دېدى:

ھەبىبۇللاھ ھاجى سىلىنىڭ بارغانلىقلىرىنى ئۆزىگە ئابرۇي دەپ بىلىپ، ئىتائەت كەمىرىنى بېلىگە باغلاپ، قىلىچىنى بوينىغا ئېسىپ ئالدىلىرىغا چىقىپ، سىلىنى ئىززەت-ئىكرام بىلەن شەھەرگە باشلاپ كىرىپ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزۇپ خىزمەتكارلىق قائىدە-رەسمىنى بەجا كەلتۈرسىغۇ ناھايىتى ياخشى. ئەگەر ئۇنداق قىلماي كەينىگە تارتىپ ھايال قىلسا، ئۇ چاغدا ئىككىلەنمەيلا كۈچ ۋە زورلۇق بىلەن خوتەننى قولغا كىرگۈزۈپ، ھەبىبۇللاھ ھاجىنى ئەھلى ئەۋلاد، بالا-چاقىلىرى بىلەن قوشۇپ مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئەۋەتسىلە، دەپ بىر مۇنچە ئاچچىق-ئورۇنسىز گەپلەرنى قىلىپ يولغا سالدى.

ھاجى خەزىنىچى بەگ يەكەندىن چىقىپ، يۇرتمۇ يۇرت، مەنزىلمۇ مەنزىل يول يۈرۈپ سانجۇغا باردى ۋە مەغرۇرانە خەت قىلىپ خوتەنگە كىرگۈزدى. ھەبىبۇللاھ ھاجى پادىشاھ بۇ خەتنى تاپشۇرۇۋېلىپ مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن:

بۇ خەتتىن دوستلۇقنىڭ پۇرىقى كەلمەي، خۇسۇمەت ناغرىسىنىڭ ساداسى كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ لايىقىدا ئالدىغا ئادەم چىقىرىشىمىز لازىم، دەپ ئويلاپ، چوڭ ئوغلى ئىبراھىمخان سۇدۇرنى باش قىلىپ 2000 ئەسكەرنى ھاجى خەزىنىچى بەگنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئىككى ئوتتۇرىدا ئۇرۇش بولۇپ، ئىبراھىمخان سۇدۇرغا ئوق تېگىپ ۋاپات بولدى. ئاخىرىدا ھاجى خەزىنىچى بەگنىڭ ئەسكەرلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي ئارقىسىغا قاراپ قاچتى. ھاجى خەزىنىچى بەگ مەغلۇپ بولۇپ نۇرغۇن ئەسكەرلىرىدىن ئايرىلىپ ئازغىنا ئادەم بىلەن يەكەنگە قايتىپ كەلدى. ھەبىبۇللاھ ھاجى پادىشاھنىڭ ئەسكەرلىرى غالىب بولۇپ خوشال-خۇرام خوتەنگە ياندى.

بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇ ئىدىكى، ھاجى خەزىنىچى بەگ خوجاملارغا ئانا جەمەت تۇغقانچىلىقى بار، خىتاي مەنسەپدارلىرىغا تۇڭچى بولۇپ كەلگەن قەدىمىي بەگزادىلەردىن ئىدى. ئۇ يەكەندە تۇرۇشلۇق خان ئامبىلىغا تۇڭچى بولۇپ مەنسەپ تۇتقان، خىتايچە سۆزنى ياخشى سۆزلەيدىغان، خىتايچە كىيىم-كېچەك كىيىشكە ئادەتلەنگەن كىشى ئىدى. ھەبىبۇللاھ ھاجى پادىشاھ: «خوجاملاردىن بىرىنى ئەۋەتمەي، مېنىڭ ئۈستۈمگە ھاجى خەزىنىچى بەگدەك خىتاي يېتىمىنى ئەۋەتكىنى نېمىسى، ھېچ بولمىغاندا ئىسلام شەرىئىتى ئىچىدە مۇسۇلمان كىيىمى بىلەن ئۆمرىنى ئۆتكۈزگەن، دىندار مۇسۇلمان تېپىلمىدىمۇ؟» دەپ ئويلاپ، ھاجى خەزىنىچى بەگنى ئەۋەتكەنلىكىنى ئۆزىگە نومۇس بىلىپ، ئۆز ئىشلىرىغا مۇستەھكەم بولۇپ قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى.

يەنە بىرى، ئىلىنىڭ تارانچىلىرى كاپىرلاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ جان پىدالىق بىلەن جەڭ قىلدى. كاپىرلارنىڭ چوڭى جاڭجۈن كۈرەدە تۇراتتى. كۈرەنى تارانچىلار قولغا ئالالمىغانىدى. مۇشۇ پەيتتە ئىلى مۇسۇلمانلىرىنىڭ چوڭى موللا شەۋكەت ئاخۇن ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى چوڭلارغا مەسلىھەت سېلىپ: «كاپىرلار بىلەن جەڭ قىلىپ بىر مۇنچە ئادەملىرىمىز قۇربان بولدى. نۇرغۇن كاپىرلارمۇ يوقىتىلدى. ئەمما ئۈستىمىزدە تۇرۇپ دۇئا قىلىپ بەرگىلى ئەۋلادى رەسۇلۇللاھتىن بىر ساھىبى دۇئا  لازىم ئىدى. ئاۋۋال كۇچادىن باشلاپ ئىسلام ئېچىلىپ شۇلارنىڭ مەدەت ۋە ئىلھامى بىلەن بىزلەرگە كۈچ-قۇۋۋەت ھاسىل بولۇپ، ئىلىدىكى كاپىرلارنىڭ بېشىغا تىغ تارتتۇق. ھېلىھەم بولسا راشىددىن خان خوجامنى مۇبارەكلەپ، ئەمر-پەرمانلىرىغا بويسۇنىدىغانلىقىمىزنى، بىر مىللەت، بىر مەزھەپتە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىرەر مۈشكۈل ئىش يۈز بەرسە ئۆزئارا مەدەت ۋە ياردەمدە بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ راھىتى، يۇرتلىرىمىزنىڭ ئاۋاتلىقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ نامە بىلەن ئەلچى ئەۋەتسەك قانداق؟» دېدى.

بۇ مەسلىھەت ھەممە چوڭلارغا ماقۇل كەلدى. ئۇلار بىرلىكتە ئىتائەتنامە يېزىپ، بىر ساھىبى دۇئا ئەۋەتىشنى ئىلتىماس قىلىپ، قۇربان خېتىپ ئاخۇنۇم باشلىق قىرىق كىشىنى ئەلچى قىلىپ نۇرغۇن سوۋغا-سالاملار بىلەن كۇچاغا يولغا سالدى. بۇ ئەلچىلەر ئىلىدىن چىقىپ تېز سۈرئەت بىلەن يول يۈرۈپ ئۈچتۇرپانغا كەلدى. ئۈچتۇرپاندىكى خوجاملار ئەلچىلەرنىڭ ئالدىغا كىشى ئەۋەتىپ قارشى ئالدى ۋە ئۆز لايىقىدا ئورۇن تەييارلاپ كۈتۈۋالدى ۋە راشىددىن خان خوجامغا ئەھۋالنى بىر-بىرلەپ مەلۇم قىلىشتى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن راشىددىن خوجامدىن: «ئەھۋالدىن خەۋەر تاپتىم، ئەلچىلەر كۇچاغا كەلسۇن» دەپ يارلىق كەلدى. ئۈچتۇرپاندىكى خوجاملار ياخشى خىزمەتچى، ئىشەنچلىك مۇلازىملارنى قوشۇپ ئەلچىلەرنى كۇچاغا يولغا سالدى. راشىددىن خوجا ئەلچىلەرنى كۇچادا ئىككى ئاي توختىتىپ، ھەممىسىگە ئۆز لايىقىدا ئىنئام-سوۋغاتلارنى بېرىپ، قايتىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە خوجا باھاۋىددىن خوجامنىڭ ئوغلى سايىت خوجامنى باش قىلىپ، ئاللايار ئاخۇننى ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلىپ، 150 لەشكەرگە تۇغ-ئەلەم، بايراقلارنى كۆتۈرگۈزۈپ ئىلىغا ماڭدۇردى. بۇلار مىڭبىر جاپا-مۇشەققەت بىلەن مۇز داۋاندىن ئۆتۈپ مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن تىكەسكە يېتىپ بارغاندا، ئۇشتۇمتۇت ئالدىدىن بىر نەچچە ئاتلىق قالماقلار چىقىپ ئالدىلىرىنى توستى ۋە «سىلەر نېمە ئادەم، نەدىن كەلدىڭلار؟ قەيەرگە بارىسىلەر» دېگەن بولۇپ بۇلارنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، قالماقلارنىڭ چوڭى مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە باشباشتاق يامان ئادەملەر بار. ئادەم قوشۇپ بەرسەم سىلەرنى تىنچ-ئامان ئۆتكۈزۈپ قويسا مەنمۇ خىزمەت قىلغان بولىمەن» دېدى ۋە ئادەملىرىگە قاراپ: «بۇ خوجاملارنى پالان يەرگىچە ئۇزىتىپ بېرىپ ئۆتكۈزۈپ قويۇڭلار، بىرەر ئادەم زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ قويسا، بىزلەرگە ئوبدان بولمايدۇ» دەپ يالغان، ئىككى يۈزلىمىچىلىك گەپلەرنى قىلىپ، ئۇلارغا ئۈچ-تۆت ئادەمنى قوشۇپ يولغا سالدى. سايىت خوجاملار، تەڭرىم بۇ ئەندىشىمىزنىمۇ ئاسان قىلدى، دەپ ئويلىشىپ خۇش بولۇپ ئىككى مەنزىل يەرگە بېرىپ چۈشتى. ئات-ئۇلاغلىرىنى ئوتقا قويۇپ، ئۆزلىرى ئاش-تاماقلىرىنى يەپ بولۇپ، غەم-ئەندىشىسىز يېتىپ ئۇيقۇغا كەتتى. بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ بىللە كەلگەن قالماقلار ئۆز ئادەملىرىگە خەۋەر يەتكۈزدى.

نۇرغۇن قالماقلار ئاسماندىن چۈشكەن بالا-قازاغا ئوخشاش ئۇشتۇمتۇت باستۇرۇپ كېلىپ، خوجىلارنىڭ بىر مۇنچىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، بىر مۇنچىلىرىنى ئولجا قىلىپ ئەسىر ئالدى. يەنە بەزىلىرى ئىسسىق كۆل تەرەپلەرگە قېچىپ كېتىپ جېنىنى قۇتۇلدۇردى. ئەمما سايىت خوجام ئاچ-يالىڭاچ، يېرىم جان ھالەتتە مىڭبىر مۇشەققەتلەر بىلەن ئىلىنىڭ يېزىلىرىدىن بىرىگە يېتىشۋالدى. يېزىنىڭ چوڭى كىيىم-كېچەك بېرىپ ئىلىنىڭ سۇلتانى بىلەن كۆرۈشتۈردى. سايىت خوجام باشلىرىغا كەلگەن ھادىسىلەرنى بىر-بىرلەپ بايان قىلغاندىن كېيىن، ئىلىنىڭ سۇلتانى مۇناسىپ تون-سەرۇپاي، كىيىم-كېچەك، تەمىنات بەلگىلەپ مۇۋاپىق جاي-ماكان قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. موللا ئاللايار ئاخۇنۇممۇ بىر شاگىرتى بىلەن كېلىپ سايىت خوجامغا قوشۇلدى. ئەمما ئىلى خەلقى سايىت خوجامغا ئىشەنچ ۋە ئېتىقاد بىلدۈرمىدى. بەلكى «يالىڭاچ خوجام» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى. چۈنكى بۇلار بارغۇچە ئىلىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئالامانلار، موللا شەۋكەت ئاخۇنغا بىر گۇناھنى قويۇپ سۇلتانلىقتىن ئېلىپ تاشلاپ قاپقا سولاپ تىرىكلا دەرياغا تاشلىۋېتىپ، ئورنىغا باشقا بىر كىشىنى سۇلتانلىققا ئولتۇرغۇزغانىدى. يېڭى بولغان سۇلتاننىڭ سايىت خوجاملار بىلەن كارى بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن سايىت خوجام ئىلىدا تۇرۇپ قېلىپ، ياقۇپبەگنىڭ زامانىسىغا كەلگەندە ئاندىن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كەلدى.

ھەبىبۇللاھ ھاجى پادىشاھ كۇچالىق ھاجى خەزىنىچى بەگنى مەغلۇپ قىلىپ قايتقاندىن كېيىن خۇشال بولغان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ياخشى ئىش بولمىدى دەپ ئويلاپ كۆڭلى غەش بولدى. بىر نەچچە كۈن مۇلاھىزە قىلغاندىن كېيىن، «بىز ئىككىلى تەرەپ مۇسۇلمان، بىر دىن ۋە بىر مىللەت كىشىلىرى. ھەر قانچە ئىش بولغاندىمۇ ئىتتىپاق بولۇپ، ئەپ ئۆتسەك ياخشى بولاتتى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن خوتەننىڭ ياخشى، ئېسىل ماللىرى، ئات، قورال-ياراق قاتارلىق نەرسىلىرىدىن سوۋغا-سالاملارنى تەييارلىدى ۋە دوستلۇق ئىپادىسى، بەلكى ئىتائەت قىلىش ئالامىتىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىدىن ئۆتۈلگەن ئىشلارغا ئۆزرە ئېيتىش ئۈچۈن، ئەھمەت مىراپ ناملىق ئىشەنچلىك بىر بەگنىڭ باشچىلىقىدا 50 كىشىنى ئەلچى قىلىپ نۇرغۇن سوۋغا-سالاملار بىلەن يولغا سالدى. بۇ ئەلچىلەر ئاقسۇغا يېتىپ كەلگەندە ئاقسۇدىن ئادەم قوشۇپ كۇچاغا ماڭدۇردى. كۇچاغا بىر مەنزىل يول قالغاندا، كۇچادىن ئالدىلىرىغا ئادەم چىقىپ، تارتۇق، سوۋغا-سالاملىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئەھمەت مىراپ باشلىق ھەممە ئەلچىلەرنى ئات-ئۇلاغ، ئوق - ياراقلىرىدىن ئايرىپ، ھەر بىر ئادەمنى بىردىن ئۆيلۈككە چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى قاچۇرۇپ قويماي ياخشى مۇھاپىزەت قىلىشقا تاپشۇردى.

ئەلچىلەر سايرام يېزىلىرىدا ئىككى يىلغىچە تۇرۇشتى ۋە بۇ يەرلەرگە ياقۇپبەگنىڭ قەدىمى يەتكەندىن كېيىنلا ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ، بالا-ۋاقىلىرى بىلەن جەم بولۇشتى.

 

 

10

 

ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئىسھاق خوجىنىڭ شەرق تەرەپكە قاراپ يولغا چىقىپ، ئۇششاقتالدا نۇرغۇن خىتاي چېرىكلىرىنى يوقاتقانلىقى ۋە قاراشەھەرنىڭ پەتھ قىلىنغانلىقى

 

راشىددىن خان خوجام كۇچادا خانلىق پايتەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن قاراشەھەر ۋە تۇرپاندىكى كاپىرلاردىن ئەندىشە قىلىپ خاتىرجەم بولالماي، «خۇدانىڭ يولىدا جېنىنى پىدا قىلىپ غازات قىلىدىغان، شېھىتلىك دەرىجىسىنى ئارزۇ قىلىدىغان باتۇر بارمۇ؟» دەپ جاكار قىلدى. شۇ چاغدا توختى مۇھەممەد يۈز بېشى كېلىپ، «شۇ دەرىجىنى مەن ئارزۇ قىلىمەن. خىزمەتلىرىنى بەجا كەلتۈرىمەن» دەپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى. راشىددىن خوجام توختى مۇھەممەد يۈز بېشىغا 100 لەشكەرنى قوشۇپ ئۇلارغا باھاۋىددىن خوجا، ئايدىن خوجىلارنى باشلىق قىلدى ۋە ئۇلارنى دىنسىزلار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن يولغا سالدى. بۇلار بۈگۈرگە يېتىپ كەلدى. بۈگۈردە 100گە يېقىن خىتاي چېرىكى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ يوقىتىپ بۈگۈرنى قولغا ئالدى. شۇ ئەسنادا ئارقا تەرەپتىن ئىسھاق خوجام، سىدىق دادخاھ، مەمۇر خەلىپە باشلىق 150 ئەسكەر ياردەمگە كەلدى. بۈگۈردىن دۇئاسى خەلىپە، سۇمۇللا دېگەن تۇڭگان باشلىق 100 كىشى كېلىپ قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن لەشكەر قوشۇلۇپ بىرلىكتە كورلىغا يېتىپ بېرىپ كورلىنى قولغا كىرگۈزدى. كورلىدىن يەنە نۇرغۇن ئادەم قوشۇلۇپ چوڭ قوشۇن ھاسىل قىلدى. ئۇلار تۇغ-بايراق، ئوق-ساغداق، مىلتىق-زەمبىرەك، نەيزە-ياراق، ناغرا-سۇناي، داقا-دۇمباقلار بىلەن زور داغدۇغا ئىچىدە قاراشەھەرگە قاراپ راۋان بولدى. مۇشۇنداق زور ھەشەمەت بىلەن دەريا لېۋىگە بارغاندا، كاپىرلار كېمىنى تارتىۋېلىپ مىلتىق، زەمبىرەك ئېتىپ ئۇلارنى ئۆتكىلى قويمىدى. نائىلاج بولۇپ تۇرغان چاغدا، كورلىدىن قوشۇلغان باتۇرلاردىن ئىسلام خەلىپە مەسلىھەت كۆرسىتىپ: «چوڭ يول بىلەن قارا شەھەرگە كىرگىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ، باغراش كۆلىنىڭ ئايىغى بىلەن ئۆتۈپ، ئۇششاقتالغا چىقىپ، ئاندىن ئارقىمىزغا يېنىپ كېلىپ قارا شەھەرنى ئالساق»، دېدى. خۇددى تەڭرىنىڭ ئىلھامى بىلەن كۆرسىتىلگەندەك ناھايىتى ياخشى مەسلىھەت بولدى، دەپ ھەممە قوبۇل قىلدى ۋە ئارقىلىرىغا يېنىپ كورلىغا كېلىپ، باغراش كۆلىنىڭ ئايىغى بىلەن ئايلىنىپ ئۆتۈپ توققۇز كۈندە ئۇششاقتالغا چىقتى. بۇ يەردە ئۈرۈمچىدىن چىققان 18 مىڭ خىتاي چېرىكى يامغۇر يېغىپ ماڭالماي، توپ-زەمبىرەكلىرىنى ھۆل بولۇپ كەتمىسۇن، دەپ قۇمغا كۆمۈپ قويۇپ، ئۆزلىرى بىپەرۋا ئارام ئېلىپ ياتقانىدى. شۇ ھالەتتە ئىككى لەشكەر ئۇچرىشىپ ئۆزئارا جەڭگە كىرىشىپ كەتتى.

مۇندىن ئىلگىرى جاھانگىر خوجام ئالتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزگەن چاغدا، بېيجىڭ تەرىپىدىن «ئاڭ جاڭجۈن» دېگەن كاتتا مەنسەپدار كېلىپ ئالتە شەھەرنى تارتىۋېلىپ، جاھانگىر خوجامنى تۇتۇپ بېيجىڭغا ئەۋەتكەن بولۇپ، شۇ خىزمىتى ئۈچۈن بېيجىڭنىڭ خانى ئاي جاڭجۈننى ئالتە شەھەرنىڭ «تەربىيەتگەردىسى»  قىلدىم دەپ يارلىق چۈشۈرگەن ۋە ئۇششاقتالدا ئاي جاڭجۈنگە ئاتاپ بۇتخانا ياساپ ھەيكىلىنى توختىتىپ قويغانىكەن. ئۈرۈمچىدىن چىققان 18 مىڭ خىتاي چېرىكلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي، شۇ بۇتخانىنىڭ ئىچىگە قېچىپ كىرىۋېلىپمۇ قۇتۇلالماي ئاخىر ھەممىسى نابۇت بولدى. بېيجىڭ تەرەپكە بىرەرىمۇ قېچىپ كېتەلمىدى. ئەمما قاراشەھەر تەرەپكە ئازراق قېچىپ كەتتى.

مۇشۇ پەيتتە تۇرپان تەرەپتىن ئىككى ئاتلىق خىتاي بىغەم چىقىپ كېلىۋاتقانىكەن. قالماقلار ئۇلارنى تۇتۇۋېلىپ خوجامنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئاختۇرۇپ قارىسا يېنىدىن خەت چىقتى. بۇ قاراشەھەرنىڭ ئامبىلىغا يېزىلغان خەت بولۇپ، «خاننىڭ يارلىقى بىلەن، سىلەرگە ياردەم ئۈچۈن 24 مىڭ چېرىك، 470 زەمبىرەك، 300  ھارۋا ئوق-دورا بىلەن كەلدۇق، ئۈچ كۈندە ئۇششاقتالغا يېتىپ بارىمىز، ئالدىمىزغا نۇرغۇن ئوزۇق-تۈلۈك چىقىرىڭلار» دېگەن مەزمۇندا يېزىلغانىكەن. خەتنىڭ مەزمۇنىنى پۈتۈن قوشۇنغا جاكارلاپ، چۆلنىڭ ئاغزىنى، سۇنىڭ بويىنى توسۇپ تەييار بولۇپ تۇردى. ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تۇغ نامايان بولدى. تۇغنىڭ كەينىدىن چېرىكلەر كۆرۈندى. ئىسلام ئەسكەرلىرىنى كۆرۈپ ئۇلار: «بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىققان چېرىكلەر ئوخشايدۇ»، دەپ بىپەرۋا، غەم-ئەندىشىسىز يېقىنلاپ كەلدى. شۇ ئەسنادا بىر تەرەپتىن ئىسھاق خوجام، توختى مۇھەممەد خەلىپە، بىر تەرەپتىن باھاۋىددىن خوجام، مەمۇر خەلىپە، يەنە بىر تەرەپتىن ئايدىن خوجام، دۇئاسى خەلىپە، سۇمۇللا تۇڭگانلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەكبىر ئېيتىپ چېرىكلەرنىڭ ئۈستىگە ئات سېلىپ بېرىپ جەڭگە كىردى. باھاۋىددىن خوجام، مەمۇر خەلىپىلەر تەرىپى ئاجىز كېلىپ قاچقىلى تۇردى. ئىش يامان تەرەپكە يۈزلىنىۋاتقان چاغدا، ئىسھاق خوجام ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ لەشكەرلەرگە قاراپ دۇئا قىلىپ: «(تەڭرىگە) شېرىك كەلتۈرگۈچىلەرنى ئۆلتۈرۈڭلار» دېگەن ئايەتنىڭ روھى بويىچە ئەسكەرلەرنى چىڭ تۇرۇشقا دالالەت قىلدى. ھەممە بىردەك يىغا-زار بىلەن جەڭگە كىرىپ گاھى ئوڭنى سولغا، گاھى سولنى ئوڭغا سۈرۈپ، ئەتىگەندىن كەچكىچە، كېچىدىن تاڭ ئاتقۇچە جەڭ قىلدى. چاپ-چاپ ئاۋازى، توپ-زەمبىرەك، مىلتىق ساداسى قوشۇلۇپ پەلەكتىن ئاشتى. دېمەك، غەلىبە ئىشىكى ئىسھاق خوجام تەرىپىگە ئېچىلدى. كاپىرلار بىلەن تولۇق بىر كېچە ئىككى كۈندۈز ئۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ ئونىنى ئۆلتۈرگىچە 30ى ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈپ ھالاك قىلدى. ئۇلارنىڭ ئادىتىدە دۈشمەن قولىدا ئۆلۈشنى ئۆزى ئۈچۈن نومۇس دەپ بىلىدىكەن. ئەگەر كاپىرلار ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىشىپ بەرمىگەن بولسا، بەش كېچە-كۈندۈزدىمۇ ئۆلتۈرۈپ تۈگەتكىلى بولمايتتى. چۈنكى ئىسلام لەشكەرلىرى 2000غا يەتمەيتتى. كاپىرلارنىڭ چېرىكى بولسا 24 مىڭ كىشى ئىدى. بۇلاردىن 1000دەك ئادەم جېنىنى ئېلىپ قېچىپ قۇتۇلدى. قالغانلىرى ھالاك بولدى. بۇ چاغلاردا ئىسلام لەشكەرلىرىگە سۇ ئىچكىلى، تاماق يېگىلى پۇرسەت بولمىغانىدى. ئەمدى بىر ئاز خاتىرجەم بولۇپ تاماق يېيىشكە مەشغۇل بولۇپ تۇرۇشىغا، قاراشەھەردىن 7000 خىتاي، 3000 قالماق چېرىكى، 56 ھارۋىدا توپ-زەمبىرەك، مىلتىق، 150 تۆگىدە ئوق-دورا بىلەن تېۋىلغا  دېگەن مەنزىلگە كېلىپ چۈشتى، دېگەن خەۋەر كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەۋاتقان تاماقنى تاشلاپ، ھەممە ئىتتىپاقلىشىپ جەڭ قىلىش، ئۆزىنى قوغداپ جېنىنى مۇھاپىزەت قىلىش نىيىتى بىلەن بىردەك ئاتلىنىپ قاراشەھەر تەرىپىگە قاراپ راۋان بولدى. ئۈچ پوتەي  مىقدارى يول يۈرۈپ چۇققۇ دېگەن يەردە خىتاي چېرىكلىرى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئىككى ئوتتۇرىدا جەڭ باشلىنىپ كەتتى. كاپىرلار تۆگىلىرىنى چۆكتۈرۈپ، ھارۋىلىرىنى قاتار قىلىپ ئۇنىڭ دالدىسىدا ئىسلام لەشكەرلىرىگە ئوق ئېتىپ يېقىن كەلتۈرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىسھاق خوجام ئۈجمە چوماقلىرىنى قولىغا ئېلىپ داڭدار ۋە باتۇر ۋە پالۋانلارنى ھەمراھ قىلىپ دۈشمەن ئۈستىگە ئات سالدى. بۇنى كۆرگەن كاپىرلار ئىش يامان بولدى، دەپ تۆگىدىكى ئوق-دورىلارغا ئوت قويدى. نۇرغۇن ئوق-دورا پارتلاپ، نۇرغۇن تۆگە، ئادەم، قورال-ياراقلارنى ئاسماننىڭ قەرىگە ئېلىپ كەتتى. دورىنىڭ ئىسى، ئاتلارنىڭ ئايىغىدىن چىققان توپا-چاڭ زېمىن يۈزىنى قاپلاپ، قۇياش نۇرىنى خىرەلەشتۈرۈپ، كېچىنى كۈندۈزدىن، كۈندۈزنى كېچىدىن پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان، گويا قىيامەت بولغاندەك غەلىتە ئەھۋال يۈز بەردى. نەتىجىدە كاپىرلار ئاجىز كېلىپ قاچتى. خوجاملار چاپ-چاپ قىلىپ قوغلاپ تېۋىلغا دېگەن جايغا بېرىپ چۈشتى. غىزا-تاماق يەپ بىر كېچە قونۇپ ئارام ئالغاندىن كېيىن ئەتىسى قالماقلارغا يول باشلىتىپ قارا شەھەرگە قاراپ يولغا چىقتى. قارا شەھەرگە يېقىن بارغاندا چارلىغۇچى خىتايلاردىن ئىككىسىنى تۇتۇۋالدى. بۇلارنى سوراق قىلغاندا، چوڭ يولنىڭ ئۈستىگە توپ-زەمبىرەك قۇرۇپ قويدي، دېدى. قالماقلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن چوڭ يولنى تاشلاپ سول تەرەپ بىلەن يۈرۈپ قارا شەھەرنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، غەرب تەرىپىدىكى تېرەكلىك دېگەن جايغا بېرىپ چۈشتى.

تېرەكلىك دېگەن جاينىڭ بىر تەرىپى دەريا، بىر تەرىپى تاغ، بىر تەرىپى شەھەر بولۇپ، يەنە بىر تەرىپىدە چوڭقۇر ئېرىق بار ئىدى. شۇ كۈنى شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاق بازارلارنى تامامەن ئىگىلەپ، ئوت قويۇپ، ھەددىدىن زىيادە جەڭ-جېدەللەر بولدى. كاپىرلارنىڭ ئۆلۈكىنىڭ تولىلىقىدىن ماڭغىلى يول قالمىدى. ئۇرۇش بولغان يەردە ئىككى ئۆستەڭ بولۇپ، چوڭقۇرلۇقى بىر نەيزە بويى  كېلەتتى. ئىككى ئۆستەڭ كاپىرلارنىڭ ئۆلۈكى بىلەن توشۇپ كېتىپ، سۇلىرى ئاقالماي ھەر تەرەپكە تېشىپ، سۈيىنىڭ رەڭگى قانغا ئوخشاش قىپقىزىل بولۇپ كەتتى. بىراق شەھەر سىرتىدىكى دۈشمەنلەر يوقىتىلغان بولسىمۇ، شەھەرنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار دەرۋازىنى ئېتىۋېلىپ، سېپىلنىڭ ئۈستىدىن ئوق ئېتىپ، تاش-كېسەكلەرنى تاشلاپ يېقىن بارغىلى قويمىدى. بۇ چاغدا ئىسلام لەشكەرلىرى ھارۋىلارنى ئەكېلىپ قاتار قىلىپ، ئۈستىگە تۆگىنىڭ چومىنى سۇغا چىلاپ بېسىپ، ئاستىغا تاللانغان باتۇرلارنى كىرگۈزگەن پېتى ھارۋىنى ئىتتىرىپ بېرىپ دەرۋازىغا ئوت قويدى. بۇنى كۆرگەن كاپىرلار ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ، ئەقلىدىن ئازدى، كۆزىگە يورۇق جاھان قاراڭغۇ كۆرۈندى. قول-پۇتى پالەچ بولۇپ، مىلتىق، قوراللىرى يەرگە چۈشتى. ئۆلۈك يا تىرىكلىكىنى بىلەلمەي ھاڭۋېقىپ قېلىشتى.

خوجەك قازى دېگەن كىشى قالماقلارغا تەرجىمان ئىدى. خوجەك قازى ئۇلارغا: «خوجاملار ئۇلۇغ كىشىلەر، ئۇلارغا ئوق ئاتماڭلار، دۇئاسى بەد قىلىۋەتسە، ھەممىڭلارغا ئوت كېتىپ، كۆيۈپ تۈگەيسىلەر»، دېدى. قالماقلار: «بىز جاھانگىر خوجا زامانىسىدىن تارتىپ خاننىڭ يارلىقى بىلەن قەشقەرگە بىرقانچە قېتىم بېرىپ خوجاملارغا ئوق ئېتىپ جەڭ قىلغان، ئەمما بىزگە ياخشىلىق بولمىدى. ئارىمىزغا كېسەل تارقاپ نۇرغۇن ئادەملىرىمىز ئۆلۈپ كەتتى. چارۋا-ماللارغا چېچەك چىقىپ قىرىلىپ كەتتى. ئەمدى خوجاملارغا ئوق ئاتمايمىز»، دەپ چەتكە چىقىۋالدى. ئىسلام لەشكەرلىرى شەھەرگە كىرىپ، شەھەرنى ۋەيران قىلىپ كاپىرلارنى تارمار قىلدى.

 

نەزم

 

شاھقا ئەگەر بولسىلەر دۆلەت، بەخت يار،

بولۇر پەتھ نۇسرەتلەر شاھقا دۇچار.

 

مەنسەپدارلار، ئادەتتىكى چېرىكلەر ۋە چوڭ-كىچىك پۇقرا بولۇپ، بىر ھەپتە ئىچىدە 200 مىڭدىن ئارتۇق كاپىر يوقىتىلدى. بۇ جەرياندا ئىسلام لەشكەرلىرىدىن 150چە كىشى قۇربان بولدى. 300دەك كىشى يارىدار بولدى. ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئىسھاق خوجام غالىبىيەت قازاندى. ھەممەيلەن خۇشاللىققا چۆمدى. شادلىق سادالىرى، غالىبىيەت ئاۋازلىرى پەلەكتىن ئاشتى. تارىخ كىتابلىرىدا بايان قىلىنغان جەڭ-غازاتلاردا بۇنداق نۇرغۇن چېرىكلەرنىڭ نابۇت بولغانلىقىنى ھېچكىم كۆرمىگەن ۋە ئىشتمىگەن. «رەۋزەتۇسسەفا»، «ئاتەشكەدە»، «تارىخىي رەشىدى»، «شەھىرى خىيە»  ۋە باشقا تارىخ كىتابلاردىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا، بىر زامانلاردا بۇنىڭدىنمۇ كۆپ مۇسۇلمانلار ھالاك بولۇپ كاپىرلار غالىب بولغان ۋەقەلەرمۇ كۆرۈلگەن. ئەمما بۇ قېتىمقى جەڭدە كاپىرلار مەغلۇپ بولۇپ، مۇسۇلمانلار غالىب بولدى. شۇنداق قىلىپ بارلىق مۇسۇلمانلار، قالماقلار ۋە باتۇر، پالۋان ئىسلام لەشكەرلىرى ئىتتىپاقلىشىپ، ئىسھاق خوجامنى ئۆزلىرىگە ئەمىر لەشكەر قىلىپ سايلاپ، ناغرا-كاناي، داپ-دۇمباق سادالىرى بىلەن تەنتەنە قىلىشتى. ھەممەيلەن قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ، تەزىم بىلەن ئۆزلىرىنىڭ خوجامغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

 

نەزم

 

مەسنەدى شاھلىققا ئولتۇردى سەئادەت كۈنلىرى،

تەختكە چىقتى ئاچىلىپ غۇنچە يەڭلىغ باغلىرى.

 

نەتىجىدە يەتتە پۇشتىدىن تارتىپ جىنازىغا ئوخشاش ئورۇق ئاتقا ياغاچ لىڭگىرچاق توقۇپ، ياغاچ ئۈزەڭگە، شوينا قۇشقۇن سېلىپ مىنىپ كەلگەن سەھرالىقلار، ئارغىماق-توپچاق ئاتلارغا، 100 سەر كۈمۈشكە ئەرزىيدىغان قىممەت باھالىق بېيجىڭ ئىگەرلىرىنى توقۇپ، ئالتۇن-كۈمۈشتىن ھەل بېرىلگەن ئۈزەڭگە، قۇشقۇن سېلىپ مىنىدىغان بولدى، ياز كۈنلىرى بېشىغا تۈزۈككىنە دوپپا، قىش كۈنلىرى ئىسسىققىنا تېرە تۇماق كىيمىگەن، ماتا چاپاندىن باشقىغا قۇدرىتى يەتمىگەن، بەش تەڭگە پۇلنى ئېشىنىپ خىراجىتىنى ئۈچۈن يېنىغا سالالمىغان كىشىلەرمۇ، ئېسىل، قىممەت باھالىق تۇماققا، تۈلكە، سۈلەيسۈن تېرىسىدىن قىلىنغان ئالىي جۇۋىلارغا ئېرىشىپ، تاۋار-دۇردۇنلاردىن پايتىما قىلىشىپ، خۇرجۇن-خۇرجۇنلاردا ئالتۇن، كۈمۈش، تاغار-تاغارلاردا تاۋار-دۇردۇنلارغا ئىگە بولدى. ئەسكەر باشلىقلىرى، پانسات، يۈز بېشى، ئون بېشى قاتارلىقلار ئىگە بولغان ئالتۇن-كۈمۈش، ئات-ئۇلاغ، ئىگىن-ئاياغلارنىڭ ھېسابى يوق ئىدى.

قارا شەھەر ئېلىنىپ، يۇرت تىنچلانغاندىن كېيىن ئىسھاق خوجا جەڭ ۋەيرانچىلىقى، ئوت ئاپىتىدىن قۇتۇلۇپ قالغان مىلتىق، توپ-زەمبىرەك، ئوق-دورا، قورال-ياراق، مال-مۈلۈكلەرنى، ھەربىي يۈرۈشتە ھېرىپ-چارچاپ ياكى جاراھەتلىنىپ سەپتىن چۈشۈپ قالغانلارنى يىغىپ ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇششاقتالغا مەخسۇس قوشۇن ئەۋەتتى. بۇلار ئۇششاقتالغا بېرىپ قارىغۇدەك بولسا، ئەسلىدىكى ئۇششاقتالنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كەڭ قارا ساي كاپىرلارنىڭ خۇنى بىلەن خۇددى قىزىل كىگىز يايغاندەك قىزىللىققا پۈركىنىپتۇ. پەرھات قەبرىسىنىڭ ئۈستىدىكى لالىزار گۈل-گۈلىستانلىقتىنمۇ زىيادە بەرق ئۇرۇپتۇ. ئۇلار بۇ مەنزىلنى سەيلە-تاماشا قىلىپ، تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتىغا شۈكرى-سانا ئېيتىپ قورال-ياراق، ئالتۇن-كۈمۈش، مال-مۈلۈكلەرنى ئېلىپ قايتىپ كەلدى.

ئىسھاق غازى خوجام خۇش خۇي، مۇلايىم، ئادىل، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، ساددا، چىقىشقاق، سېخىي، پۇقرالارنىڭ غېمىنى يەيدىغان، غەيرەتلىك بىر ئادەم ئىدى.

«پادىشاھ قايسى دىن، قايسى ئېتىقادتا بولسا خالايىقمۇ شۇنداق بولىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق، شۇ چاغدىكى لەشكەرلەرنىڭمۇ كۆڭۈللىرى ساپ، نىيەتلىرى توغرا ئىدى. «نىيىتى قانداق بولسا ھەرىكىتىمۇ شۇنداق بولىدۇ» دېگەندەك، نىيەتلىرى توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممىلىرى غازىلىق دەرىجىسىگە مۇشەررەپ بولۇشتى. پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت ۋە مۇستەھەپ  ئەمەللىرىنى ئورۇندىغاندا نىيەت توغرا بولمىسا، ئۇنىڭ ساۋاب ۋە نەتىجىسى بولمايدۇ. غازات بولسا ئۇلۇغ پەرزلەرنىڭ بىرى بولۇپ، غازات قىلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى نىيەت، توغرا مەقسەتنىڭ بولۇشى لازىم ۋە زۆرۈر. ئىسھاق خوجام باشلىق باتۇرلار ۋە پۈتۈن لەشكەرلەرنىڭ ئولجا ئالاي ياكى باتۇر دېگەن نام كۆتۈرەي ۋە ياكى شۇ باھانە بىلەن بىرەر مەملىكەتكە ھاكىم، پادىشاھ بولاي دېگەندەك يامان خىيال، ناتوغرا غەرەزلىرى يوق ئىدى. ھەممىسىنىڭ بىردەك كاپىرلارنى تارمار قىلماق، ئەجەل يەتسە تەڭرى يولىدا جېنىنى پىدا قىلماقتىن باشقا مەقسىتى يوق ئىدى. ئۇلۇغ تەڭرىم ئۆزىنىڭ پەزلى-كەرىمى بىلەن ھايات قالغانلارغا غازىلىق بەختى دۆلىتىنى، ئۆلگەنلەرگە شېھىتلىكنىڭ ئالىي دەرىجىسىنى بەردى. ھازىرغىچە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىگە مۇۋاپىق غازات قىلغان گۇرۇھ بەلكى مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن. ھەقىقىي ئەھۋالنى تەڭرىنىڭ ئۆزى بىلىدۇ.

ئەي ئۇلۇغ خۇدا: ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ھەممىگە ئىنساپ، ياخشى نىيەت، خالىس ئەقىدە ئاتا قىلغىن. جىمى ئالەمنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن دۇئالىرىمنى ئىجابەت قىلغىن، ئامىن!

 

 

11

 

تەڭرىنىڭ ئىنايىتى بىلەن سىيىت ئىسھاق خوجام تۇرپان غازىتىغا يۈرۈش قىلىپ، تۇرپاننى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن يەنە بىر نەچچە شەھەرلەرنى پەتھ قىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن قارا خىتاي ئەھلىنىڭ نابۇت بولغانلىقى

 

دۆلەت ئۇلۇغلىرى ۋە پاراسەتلىك ئەربابلارغا ئاشكارا بولغايكىم، ھوقۇق ۋە ئۇلۇغلۇقنىڭ ۋارىسى بولغان سىيىت ئىسھاق خوجام، قارا شەھەردىكى «كاپىر» قالماقلارنىڭ جېڭىدىن پارىغ بولغاندىن كېيىن، ئەمىر- ئۇمەرا، باھادىر، دادخاھلارنى چاقىرىپ كونا تۇرپاننى پەتھ قىلىش نىيىتىنى ئۇلارغا بىلدۈردى. ھەممە ئەربابلاردىن بىر ئېغىزدىن: «تۇرپان يولىنىڭ قاتتىقلىقى ھەممە ئىنسانلارغا قۇياشتەك روشەندۇر. بۇ توغرىدا ئارغىبۇلاق دېگەن جايدىكى تاغنى مىتىن بىلەن ئويۇپ خەتتى جەلى  شەكلىدە مۇنداق مەزمۇندا خەت پۈتۈلگەن: بىرىنچى قېتىم بۇ يولدا ماڭغان كىشى بىلمەسلىكتىن، تىجارەت ۋە نەپىقە، ئەھلى ئايال دەپ نادانلىق بىلەن ماڭغان بولغاي، ئىككىنچى قېتىم ماڭغانلار ناھايىتى زۆرۈرلۈكتىن ياكى ئەسھابۇلكەھفنى زىيارەت قىلىش نىيىتى بىلەن ماڭغاندۇر، ئۈچىنچى قېتىم ماڭغانلارنىڭ ئۆزى كاپىر، خوتۇنى تالاق. بۇ خەتنىڭ قايسى زاماندا، قايسى ۋاقىتتا پۈتۈلگەنلىكىنى ھېچ كىشى بىلمەيدۇ. شۇنىڭغا لايىق نان-توقاچ، ئوزۇق-تۈلۈك، قورال-ياراق، ئات-ئۇلاغ راسلاپ ئاندىن يولغا چىقساق ياخشى بولۇرمىكىن» دەپ مەسلىھەت بېرىشتى. بۇ مەسلىھەت ھەممىگە ناھايىتى ياقتى. نۇرغۇنلىغان ھارۋا، تۆگە، ئات-ئېشەكلەرگە ئوزۇق-تۈلۈك، قورال-ياراقلارنى ئارتىپ ياخشى كۈن، ياخشى سائەتتە غەلىبە ئۈچۈن ئاتلاندى. تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1281- يىلى  رەبىئۇلئاخىرنىڭ 18- كۈنى يولغا چىقىپ، تېۋىلغا دېگەن مەنزىلگە كېلىپ چېدىر - بارىگاھلىرىنى تىكىپ ئارام ئالدى. غەلىبە قازانغان بۇ لەشكەرلەر نۇرغۇن «كاپىر»لارنى ئۆلتۈرۈپ يۈرەكلىرى توختىغان، كۆزلىرى قىزارغان، ئاجىزلىرى كۈچلۈك، كۈچلۈكلىرى باتۇر بولغانىدى. ھەر بىرى ئۆزىنى گويا ئىسپەندىيار، رۇيىنتەن، قەھرىمان تەھمەتەن چاغلاپ، رۇستەم ۋە بەرزۇ  دىنمۇ پالۋانراق، دەپ ئويلايتتى.

شۇڭا، ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئىنايىتىگە ئۆزىنى ئاتاپ، خالىس نىيەت بىلەن تەڭرىگە تەۋەككۈل قىلىپ، «دىنغا ياردەم بەرگەن كىشىلەرنى غالىب قىل، دىننى خار قىلغان كىشىلەرنى مەغلۇپ قىل» دېگەن دۇئانى توختىماي تەكرارلاپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەكبىر ئېيتىشىپ يولغا راۋان بولدى. ئەمما كاناي-سۇناينىڭ ساداسى، نەغمە-ناۋانىڭ ئاۋازى، لەشكەرلەرنىڭ ھەيۋەتلىك تاماشىسى، ئوق-ساغداق، نەيزە-قىلىچ، تۇغ-ئەلەملەرنىڭ دەبدەبىسى، پوش-پوش غوۋغىسى كۆك ئاسماندىن ئۆتۈپ يۇقىرىقى ئالەمدىكىلەرنىمۇ پاراكەندە قىلدى. ئۇششاقتالغا يېتىپ بېرىپ قارىغۇدەك بولسا كاپىرلارنىڭ ئۆلۈكلىرى يولنى ئۈستىدە دۆۋە-دۆۋە بولۇپ يېتىپتۇ. بىر تەرىپى تاغ باغرى، بىر تەرىپى سۇنىڭ قىرغىقى بولغانلىقتىن مېڭىشنىڭ ئىمكانىيىتى قالماپتۇ. چۈنكى ئېتىزلىقتىكى دېھقانلار ئۇرۇپ يىقىتىپ قويغان زىرائەتتەك، بەلكى ساينىڭ تېشىدەك پۈتۈن دەشت-باياۋان ئۆلۈك بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى. ھاشار-مەدىكار سېلىپ ئۆلۈكلەرنى بىر تەرەپكە تارتىپ يول ئېچىپ ماڭدى. كېيىنكى قېتىم يەنە خىتاي چېرىكلىرى كەلگۈچە بۇ ئۆلۈكلەر يول ئۈستىدە قۇرۇپ-چىرىپ ياتتى. ئەمما ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىدىن ئۆلۈكلەرنىڭ تېرىلىرى قۇرۇپ تارتىشىپ بەزىلىرى باش ئۇرۇۋاتقاندەك، بەزىلىرى چاڭگال سالغاندەك، بەزىلىرى سوراقچى ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغاندەك قىياپەتتە بولۇپ قالغانىدى.

كېيىنكى چاغلاردا بۇ يول بىلەن يۈرگەن يولۇچىلارنىڭ ئات-ئۇلاغلىرىغا ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇستىخانلىرى ساينىڭ تېشىدەك پۇتلىشىپ تۇراتتى. بۇنى كۆرگەن مۇسۇلمانلار ئىسھاق خوجام ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ غەيرىتىگە ئاپىرىن ئېيتىپ دۇئا قىلىشاتتى.

كېيىنكى چاغلاردا  ئاتىلىق غازى ھاكىمىيەتنى ئالغاندىن كېيىن سىيىت ئىسھاق خوجامنى كۇچادىن يەكەنگە ئېلىپ بېرىپ مۇھەممەد يۇنۇس دادخاھقا تاپشۇردى. ئۇنىڭ ھەر كۈنلۈك تەمىناتى ئۈچۈن بىر دانە قىزىل تىللا، ھەر ھەپتىدە ئۆز لايىقىدا تون-سەرۇپاي، ھەر يىلدا 2000 چارەك ئاشلىق بېرىشنى تەيىنلەپ يارلىق چۈشۈرگەنىدى. بىر نەچچە ۋاقىتتىن كېيىن مۇھەممەد يۇنۇس دادخاھ ئاتىلىق غازىغا مۇنداق دەپ ئەرز يازدى: «مەرھەمەت پاناھ ئاتىلىق غازى، يارلىق قىلغان تەمىناتنى ئىسھاق خوجىغا بىر نەچچە يىلدىن بېرى بېرىپ تۇردۇم. ئەمدى يېرىمىنى بېرىپ، يېرىمىنى توپلاپ ئالىيلىرىنىڭ نۇسرەتلىك قوشۇنلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرسەم دېگەننى ئويلاۋاتىمەن. يەكەن ئىچى ئەرزانچىلىق بولغانلىقتىن شۇمۇ يېتەتتى...»

ئاتىلىق غازى بۇ ئەرزنى كۆرگەندىن كېيىن كايىشلىق بىلەن قايتا غەمخورلۇق يارلىقى چۈشۈرۈپ: «خەسىس، بېخىللىقىمدىن ئىسھاق خوجىغا تەمىناتنى ئاز تەيىن قىلغانىكەنمەن، بۇ ئالىي يارلىقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بۇرۇن تەيىن قىلغان تەمىناتنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇپ بېرىپ، ئالىي دۆلىتىمىز ھەققىگە دۇئا ئالغايسىز. ئىسھاق خوجىنىڭ ئۇششاقتالدا قانداق جەڭ قىلغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئۇ يەردىكى كاپىرلارنىڭ ئۆلۈكلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى كۆرسىڭىزلا بولىدۇ. مېنىڭ ئورنۇمدا سىز بولسىڭىز، ئىسھاق خوجىنىڭ داستىخانىغا پۈتۈن يەكەننى يېزا-قىشلاقلىرى بىلەن ئىنئام قىلىپ بەرگەن بولاتتىڭىز» دەپ ئىنساپ بىلەن ئەمىر قىلدى. بۇ ئەھۋال ئاتىلىق غازىنىڭ ناھايىتى دىيانەتلىك كىشى ئىكەنلىكىگە، ئىسھاق خوجىنىڭ غەيرەتلىك ۋە باتۇرلۇقلىرىغا گۇۋاھ بولالايدۇ.

ئەمدى ئەسلىدىكى قىسسىمىزگە كەلسەك، سىيىت ئىسھاق خوجام پۈتۈن لەشكەر، ھەممە باتۇر، پالۋان، توپ-زەمبىرەكچىلىرى بىلەن ئوت-بوغۇز، نان-توقاچلىرىنى ئېلىپ ئۇششاقتالدىن يولغا چىقىپ دۆڭدىڭزا دېگەن مەنزىلگە كېلىپ چۈشتى. بۇ يەردىن چىقىپ قارا قىزىلدا  قونۇپ، ئاندىن كۈمۈش دېگەن قونالغۇغا يېتىپ باردى. كۈمۈشتە 30 40 ئۆيلۈك كىشى بالا-چاقىلىرى بىلەن تەسلىكتە كۈن كۆچۈرگۈدەك ئازغىنا يەر-سۇ بولۇپ، ئۇ يەر ئوت-خەشەك ھەتتا چىش كولىغۇدەك ياغاچ تېپىلمايدىغان جاي ئىدى.

كۈمۈشتىن چىقىپ ئۈجمە دەڭگە باردى. بۇ يەردىن چىقىپ ئارغىبۇلاق مەنزىلىگە چۈشتى. بۇ يەردىمۇ ئازراق سۇ بولۇپ، ئاتلارنى نۆۋەت بىلەن سۇغارسا ئاران يېتەتتى. بۇ يەردىن چىقىپ سۇ بېشىغا كەلدى. بۇ يەردىن ئۆتۈپ توقسۇنغا يېتىپ باردى. توقسۇن خېلى كاتتا يۇرت بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلىرىمۇ كەڭرى ئىدى. بۇ يەردىن ئۆتسىلا تۇرپانغا يېتىپ باراتتى. گەپنىڭ قىسقىسى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا مىڭبىر جاپا-مۇشەققەت بىلەن تۇرپانغا يېتىپ باردى.

تۇرپاندا تۇرۇۋاتقان سايراملىق خوجىلاردىن مەسۇمخان خوجا ئاتلىق بىر ئۇلۇغ كىشى بولۇپ، سىيىت ئىسھاق خوجامنىڭ لەشكەرلىرى يېتىپ بارغۇچە ئۇ تۇرپانلىق قاسىم جەڭچى، ۋايىت خەلىپە، خوجا زايىت خەلىپە، ھاجى باقى خەلىپە دېگەنلەر بىلەن بىرلىشىپ، تۇرپاننىڭ سەھرا-قىشلاقلىرىدىكى چېرىك، ئېلىپ-ساتار خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ، بىر-ئىككى قېتىم شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ جەڭ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا تەڭ كېلەلمىگەن، خىتايلار شەھەر دەرۋازىسىنى ئېتىۋېلىپ قامىۋالغانىكەن.

تۇرپانغا قاراشلىق سەھرالاردا توققۇز ئورۇندا چېرىك ۋە ئولتۇراقلاشقان خىتايلار بولۇپ، بەزى ئورۇندىكىلىرىنىڭ سانى 7 8 مىڭ، بەزى ئورۇندىكىلىرى 3 4 مىڭ كېلەتتى. بۇلارنىڭ ئۆلگەنلىرى ئۆلۈپ، قالغانلىرى شەھەرگە كىرىۋالغانىدى. شۇنداق ھالەتتە خوجا ئىسھاق خوجام ھەشەمەتلىك لەشكەرلىرى بىلەن يېتىپ كېلىپ شەھەر ئەتراپىغا چېدىر-بارگاھلىرىنى تىكىپ ئورۇنلاشتى. ھەر تەرەپكە قاراۋۇل خەۋەرچىلەرنى قويۇپ ھوشيار تۇردى. تۇرپان شەھىرىنىڭ سېپىلى مۇستەھكەم، بېكىنىۋالغان خىتايلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى. كۈن ئارىلاپ ھەر ئىككى تەرەپ توپ-زەمبىرەك ئېتىپ سوقۇشۇپ تۇردى. نۇرغۇن خىتايلار نابۇت بولدى. ئىسھاق خوجامنىڭ لەشكەرلىرىدىنمۇ بىر مۇنچە كىشى شېھىت بولدى. ئەمما شەھەر پەتھ بولمىدى، ئاقىۋەت بىر نەچچە يەرگە ئېگىز «شەببە»  باغلاپ، ئۈستىگە بىر نەچچە باتۇرلار چىقىپ شەھەر ئىچىگە ئوق ئېتىپ كاپىرلارنى باش چىقارغىلى قويمىدى. مۇشۇ ھالەتتە ئۈرۈمچىدىكى سۇ دالۇيە، داۋۇت خەلىپىلەردىن كىشى كېلىپ «ئۈرۈمچىنىڭ سەھرالىرىدىكى خىتايلارنى قوغلاپ شەھەرگە قامىدۇق. بىزگە مەدەت ۋە ياردەم بېرىپ خوجاملاردىن بىر كىشىنى باشلىق قىلىپ لەشكەر ئەۋەتسىلە دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى. ئىسھاق خوجام بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال باھاۋىددىن خوجامنى 1000 لەشكەر بىلەن، مەسۇمخان خوجامغا ۋايىت خەلىپە، زايىت خەلىپىلەرنى قوشۇپ 2000 لەشكەر بىلەن، تۇڭگان مانۇر خەلىپە، ئېلى خەلىپىلەرگە توپ-زەمبىرەك، ئوق-دورىلار بېرىپ، ئۇلارنى 1000 تۇڭگان لەشكەر بىلەن ماڭدۇردى. ئارقىدىنلا يەنە رەھمەت باتۇر، ھاجى باقى خەلىپىلەرنى 1000 لەشكەر بىلەن ئۈرۈمچىگە يولغا سالدى. بۇلار يېتىپ بېرىپ ئۈرۈمچىنى پەتھ قىلدى. بۇ جەرياندا 30 مىڭدىن كۆپرەك كاپىر يوقىتىلدى. ئۇ يەردىن ئۆتۈپ جىمسارنى ئالدى. بۇ يەردە 16 مىڭ كاپىرنى يوقاتتى. ئۇ يەردىن «گۇچۇڭزى»غا باردى. گۇچۇڭزى ناھايىتى كاتتا شەھەر بولۇپ، كاپىرلار تولا ئىكەن. «گۇچۇڭزى» دېگەن خىتايچە «ئىت قۇرتى» يەنى، «ھېسابى يوق» دېگەن بولىدىكەن. سەھرا- قىشلاقلىرىمۇ كەڭرى بولۇپ، ھەممىسىدە خىتايلار بار ئىكەن. ئۆيلۈك ھېسابىدا تەخمىنەن ئىككى لەك  ئۆيلۈكتىن كەم ئەمەس دېيىشىدۇ. دېمەك، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتى (بۇ يەرگە قاراشلىق بىر قانچە يېزا-قىشلاقلار بولۇپ، ئۇ يەرلەردە ئەسلا مۇسۇلمان ئەۋلادى يوق، دېيىشىدۇ. ئەمما يىراق تاغ باغرىغا ئورۇنلىشىۋالغانلىرى قۇتۇلۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن). ئۇ يەردىن سەنتەيگە باردى. ئۇ يەردىمۇ 15 مىڭغا يېقىن كاپىرغا ھالاكەت يەتتى. ئۇ يەردىن فۇكاڭغا بېرىپ 12 مىڭ كاپىرنى يوقاتتى. ئۇ يەردىن يۈرۈپ جەبەكۇغا بېرىپ 30 مىڭچە كاپىرنى نابۇت قىلدى. ئاندىن قاراباسۇنغا يېتىپ بېرىپ 15 مىڭچە كاپىرنى ھالاك قىلدى. ئۇ يەردىن ماناسقا باردى. ئۇ يەردە 60 مىڭ كاپىرنى يوقاتتى. جىڭدا قاتتىق جەڭ بولغان بولسىمۇ، كەرەملىك تەڭرىم يەنە غەلىبە ئاتا قىلدى. خەلىپىلەر، ئەسكەر باشلىقلىرى ئولجا-غەنىمەتلەرگە تويۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن تۇرپانغا قايتىپ كەلدى. بۇ شەھەرلەرنى ئىككى ئاي ئىچىدە قولغا كىرگۈزۈپ، بىر تەرەپ قىلغان بولسىمۇ، ھەممىسى ۋەيران بولۇپ ھۇقۇشقا ماكان بولدى.

شۇ كۈنلەردە ئابىددىن خوجامنى باش قىلىپ، لۈكچۈنلۈك ھەسەن قاسىم باتۇر، تۇڭگان خۇ خەلىپە، كۇچالىق توختى مۇھەممەد خەلىپە، شايارلىق موللا ئوسمان شەيخ باتۇر، ئىدرىس خەلىپە، موللا يولداش مىرزا، ئاقسۇلۇق ئوشۇر خەلىپە، ھىدايىتۇللاھ خەلىپە، مۇسا مىڭ بېگى، قەشقەرلىك قۇربان خەلىپە، مۇسا خەلىپىلەرنىڭ بەزىلىرىنى 700 800، بەزىلىرىنى 1000 ئادەمگە باش قىلىپ، مورى تەرىپىگە چوڭ يول بىلەن يولغا سالدى. ئۇلار بەش مەنزىل يول يۈرۈپ چىقتىم دېگەن جايغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن چوڭ يولنى تاشلاپ، سول تەرەپ تاغ ئارىسى بىلەن يۈرۈپ داۋاندىن ئېشىپ تازبۇلاق دېگەن يەرگە يېتىپ باردى. ئۇ يەردىن ئۆتۈپ، يىسەنگا جىڭزە دېگەن يەردىكى خىتايلار بىلەن ئۇرۇشۇپ 10 مىڭدەك كاپىرنى نابۇت قىلدى. ئۇ يەردىن يىبا جىڭزىغا يېتىپ بېرىپ 12 مىڭچە كاپىرنى ھالاك قىلدى. ئۇ يەردىن ئۆتۈپ تاللىق دېگەن يەر بىلەن مورىغا يېتىپ باردى. مورى سېپىلى يوق شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلىرى ناھايىتى چوڭ ئىدى. بۇ يەردە خىتايلار ھېسابسىز دېگۈدەك كۆپ ئىكەن. بۇ يەردىمۇ نۇرغۇن قېتىم جەڭ بولۇپ، كاپىرلارنىڭ كۆپچىلىكى ھالاك بولدى. ئازراقلىرى مۇسۇلمان بولۇپ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى. مورىدىن چىقىپ دۆڭكىجىن شەھىرىگە يېتىپ باردى. ئۇ يەردىمۇ ناھايىتى كۆپ جەڭ-جېدەللەر بىلەن 40 50 مىڭ كاپىر ئۆلدى. ئەمما شەھەر پەتھ بولمىدى. ئاقىۋەت خىتايلار غالىب كەلدى. ئىسلام لەشكەرلىرى سوغۇقنىڭ قاتتىقلىقىدىن قىينىلىپ بەرداشلىق بېرەلمەي تۇرپانغا يېنىپ كەلدى.

بۇ چاغدا تۇرپان شەھىرى تېخى پەتھ بولمىغانىدى. بۇ ئارىلىقتا نۇرغۇن ۋەقەلەر يۈز بەردى. بۇ ۋەقەلەرنىڭ بىرى شۇكى، سۇ خەلىپە دېگەن كىشى بۈگۈردە قالغانىدى. كېيىن كېلىپ تۇرپاننىڭ پەتھ بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ: «تۇرپان شەھىرىنى پەتھ قىلىپ قولغا كىرگۈزمىگۈچە ھېچ نەرسە يېمەيمەن» دەپ قەسەملەر قىلىپ ئادەملىرى بىلەن شەھەرگە قاراپ ئات سالدى. خىتايلارنى قوغلاپ ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ شەھەرگە كىرىپ كەتتى. ئۇلار كاپىرلارنىڭ باشلىرىنى كېسىپ، تاشنى ئاتقاندەك سېپىلدىن ئارتىلدۇرۇپ شەھەرنىڭ سىرتىغا ئاتاتتى. ئاقىۋەت ئەجەل ئوقى كېلىپ تەگدى. كاپىرلار قورشاپ ئېلىپ سۇ خەلىپىنى ئۆلتۈرۈپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇپ ئاختۇردى. يانچۇقىدىن مۆھۈرى چىقتى. بۇنى كۆرگەن كاپىرلار ئۇنى چوڭ باشلىق ئىكەن دەپ ئويلاپ، ئوت قالاپ ئۆلۈكىنى كاۋاپ قىلىپ بىر لوقمىدىن يېيىشتى.

تۇرپاننىڭ شەھەر ئىچىگە كىرىۋالغان كاپىرلار ئامباردىكى ئاشلىقلىرىنى باھاردا پۇقرالارغا ئۆتنە بەرگەنىدى. شۇڭا ئاشلىقى تۈگەپ ئاچارچىلىقتىن ئات، ئىت-ئېشەك، ھەتتا كىچىك بالا، قېرىلىرىنى يەپمۇ يەنىلا ئاچارچىلىققا چىدىماي ناھايىتى بىتاقەت بولدى. چۈنكى تۆت ئايدىن بېرى شەھەر پەتھ بولماي قامىلىپ قالغانىدى.

بىر كۈنى ئىسھاق خوجام تۇرپان شەھىرىنىڭ بول ئېرىق  تەرىپىدىكى دەرۋازىسىنى توسۇپ ياتقان ئەسكەرلىرىنى ياندۇرۇپ كېلىپ: «خىتايلار بېيجىڭ تەرەپكە كەتسۇن، يول بېرىمىز» دەپ جاكار قىلدى.

ھەممە خىتايلار يولغا چىقتى. ئۇلارنىڭ ئالدى بول ئېرىققا يېتىپ بېرىشى بىلەن ئىسلام لەشكەرلىرى قوغلاپ كېلىپ چاپ-چاپ قىلىپ ئۆلتۈرۈپ، تىرىك قالغانلىرىنى ئەسىر قىلىپ، لەشكەرلەرنىڭ خىزمىتىگە سالدى. شەھەر ئىچىدىكى ئوق-ياراق ۋە ھەممە جەڭ ئەسلىھەلىرىنى غەنىمەت ئېلىپ، مۇسۇلمانلار شاد-خورام، كاپىرلار غەم-پەرىشان بولۇشتى. شۇنداق قىلىپ تۇرپان شەھىرى ئىچىدىكى چېرىكلەر ۋە ئون توققۇز يېزىدىكى خۇرجا مەيمەيچىلەر بولۇپ 130 مىڭدىن كۆپرەك كاپىرلار ھالاك بولدى. مۇسۇلمانلاردىن 400چە كىشى شېھىت بولدى.

تۆت ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئىچىدە بۇ تەرىپى ئۈرۈمچى، ئۇ تەرىپى مورى ۋە دۆڭكىجىن بولۇپ، تۆت لەكتىن كۆپرەك كاپىرلار ھالاك بولدى. بۇ ھەرگىزمۇ مۇبالىغە ئەمەس. مۇبادا خۇش خۇيلۇق بىلەن قەلەمنىڭ تىزگىنىنى مۇبالىغە تەرىپىگە مايىل قىلىپ، بولغان ۋە ئۆتكەن ۋەقەلەرنى تەپسىلىي بايان قىلسام ئوقۇغۇچى ۋە ئىشتكۈچىگە مالاللىق يېتىپ، مۇددىئا ۋە مەقسەتتىن يىراقلىشىپ قالارمەنمىكىن دەپ، مىڭدىن يۈزىنى، يۈزدىن ئونىنى، ئوندىن بىرىنى ئىلغاپ-تاللاپ بۇ كىتاب سەھىپىسىگە چۈشۈردۈم. گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، بۇ موغۇلىستان يۇرتىغا كۇپۇرلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقى تەسىر قىلىپ، ھەممە ئادەم قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدە قالغانىدى. ئىسلام شەمشىرى ۋە خەنجەرلىرىنىڭ قۇياشتەك چاقنىشى بىلەن مۇسۇلمانلار غەلىبە قازىنىپ، قايتىدىن روشەنلىككە ئىگە بولدى. ئەي ئۇلۇغ خۇدا: مۇسۇلمانلارغا تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىق ئاتا قىلغايسەن. ئامىن!

 

 

12

 

خوجا ئىسھاق خوجامنىڭ ئىككىنچى قېتىم مورىغا لەشكەر ماڭدۇرغانلىقى ۋە مەقسىتىگە يېتەلمەي قايتىپ كەلگەنلىكى؛ قۇمۇلدىن ئېسىل ھەدىيىلەرنىڭ كەلگەنلىكى ھەم لۈكچۈننىڭ يەنە بىر قېتىم پەتھ بولغانلىقى

 

ياخشى نىيەتلىك بۇرادەرلەرگە ئاشكارا بولغايكى، ئابىددىن خوجام ئىسلام لەشكەرلىرى بىلەن دۆڭكېجىندىن يېنىپ تۇرپانغا قايتىپ كەلدى. ئىككىنچى قېتىم باھاۋىددىن خوجامنى باش قىلىپ تۇڭگان خۇ خەلىپە، توختى مۇھەممەت خەلىپە قاتارلىق نامدار، باتۇر، پالۋانلارنىڭ ھەر بىرىنى ئۆزىگە قاراشلىق مىڭدىن ئارتۇق لەشكەر، توپ-زەمبىرەك، ئوق-ياراق ئەسلىھەلەر بىلەن جابدۇپ، جەمئىي 15 مىڭ لەشكەرنى دۆڭكېجىن غازىتىغا يولغا سالدى. باھاۋىددىن خوجام باشلىق ئىسلام لەشكەرلىرى نۇرغۇن يوللارنى بېسىپ مورىغا يېتىپ كەلدى. مورىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلاردىن نۇرغۇن «كاپىر»لار توپلىشىپ قارشىلىق كۆرسەتتى. ئىككى ئوتتۇرىدا قاتتىق جەڭلەر بولۇپ، نۇرغۇن كاپىرلار ھەم مۇسۇلمانلار نابۇت بولدى. ئاقىۋەت يەنە كاپىرلار غالىب كەلدى. ئاخىر ئىسلام لەشكەرلىرى تۇرپانغا قايتىپ كەلدى.

شۇ چاغلاردا قۇمۇل ۋاڭىنىڭ ئاشلىقى تۈگەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن سۈپۈرگە بەگ دېگەننى 50 ھارۋا، 100 تۆگە بىلەن گۇچۇڭدىن ئاشلىق ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتكەنىدى. سۈپۈرگە بەگ يول ئۈستىدە ئىسلام لەشكەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، ئىسلام لەشكەرلىرى سۈپۈرگە بەگنى تۇتۇپ تۇرپانغا ئىسھاق خوجامنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلدى. ئىسھاق خوجام گەپ-سۆز سوراپ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، سۈپۈرگە بەگنى كۇچاغا راشىددىن خان خوجامنىڭ ھۇزۇرىغا ئەۋەتتى. سۈپۈرگە بەگ قۇمۇلنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. راشىددىن خوجام ئىلتىپات قىلىپ سۈپۈرگە بەگنى ئىسھاق خوجامنىڭ ئالدىغا ياندۇردى. سۈپۈرگە بەگ يېتىپ كەلگۈچە قۇمۇلنىڭ ئەلىمى  بىر نەچچە كىشى بىلەن نۇرغۇن تارتۇق، سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ ئەلچى تەرىقىسىدە تۇرپانغا يېتىپ كەلدى. سوۋغا-سالاملار ئىچىدە ھەر خىل، ھەر تۈرلۈك نەرسىلەر كۆپ ئىدى. جۈملىدىن جاھانگىر خوجام خىتايلارغا ئەسىر چۈشكەندە كىيگەن زەر تون ھەم مەپىمۇ بار ئىدى. زەر توننىڭ ئىككى جەينىكى، ئىككى تىزى، كۆكسىنىڭ ئىككى تەرىپى ۋە ئۇچا (دۈمبە) سىدە چىنىنىڭ ئاغزىدەك يەرگە ئالتۇن قۇببە  ئورنىتىپ، ئۇنىڭغا ئايەت پۈتۈلگەنىدى. ھەر بىر قۇببە قۇياشتەك يالتىراپ تۇراتتى. مەپىنىڭ پۈتۈن جابدۇقلىرىغا ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەنىدى. زەرتون ۋە مەپىنى قۇمۇل ۋاڭى تەۋەررۈك، دەپ ئۆز خەزىنىسىدە ساقلىغان بولۇپ، بۇ قېتىم سوۋغات ئورنىدا ئەۋەتكەنىدى. ئىسھاق خوجام ئەلەم ئاخۇنۇمنى ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلىرى بىلەن كۇچاغا راشىددىن خان خوجامنىڭ ھۇزۇرىغا ئەۋەتتى. بۇلار بېرىپ راشىددىن خان خوجامغا مۇلاقات  بولدى. بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن راشىددىن خان خوجام قۇمۇل ۋاڭىغا ئالتۇن تالالىق سەللە، كىمخاپ تون، ئۆتكۈر خەنجەرلەرنى ئىنئام قىلىپ، ئەلەم ئاخۇنۇم باشلىق ئەلچىلەرگە باشتىن-ئاياغ كىيىم-كېچەك بېرىپ ياندۇردى.

سۈپۈرگە بەگ تۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىسھاق خوجام ئۇنىڭغا موللا تۆمۈر خەلىپە، توختەم باتۇر باشلىق 12 مۇسۇلمان، ئالتە تۇڭگاننى قوشۇپ قومۇلغا ئەلچىلىككە ئەۋەتتى. بۇلار قۇمۇلغا يېتىپ كېلىپ، قۇمۇل ۋاڭى بىلەن كۆرۈشتى. قۇمۇلدىكى كاپىرلارغا ھېچكىم تەگمىگەن ۋە دەخلى قىلمىغانىدى. ئەلچىلەر قۇمۇل ۋاڭىغا «كاپىرلارنى بىز يوقاتساق» دېگەن تەكلىپنى بەردى. قۇمۇل ۋاڭ قوبۇل كۆردى، ئەمما ئۆزى بىلمەس بولۇۋېلىپ، خەزىنىسىدىن 500 كىشىلىك چاپان، ساۋۇت ئولپاق ، دۇبۇلغا  قاتارلىق جەڭ كىيىمى، ئوق-ياراق ئەسلىھەلەرنى چىقىرىپ بەردى. تۇرپاندىن بارغان ئەلچىلەر ئادەم يىغىپ، كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قۇمۇلنى پەتھ قىلدى.

دۆڭكېجىن تەرىپىدىن ئىسلام لەشكەرلىرى ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولۇپ يېنىپ كەلگەندىن كېيىن لۈكچۈننىڭ خوجىلىرى ۋە بەگزادىلىرىدىن ئىبراھىمخان، ئابدۇۋايىتخان، ھىپزۇللا خان، يولۋاسخان، شامەھرەم بەگ قاتارلىق يۇرت كاتتىلىرى جەم بولۇپ مەسلىھەت قىلىشىپ، مورىغا خەت ئەۋەتىپ 5 6 مىڭ خىتاينى قىچقىرىپ كېلىپ بىر تەرەپتە توختىتىپ قويدى. ئاندىن ئىبراھىمخاننى «خان» قىلىپ، ئىسھاق خوجامغا قارشى دۈشمەنلىك دۇمبىقىنى چالدى ۋە خوجا زايىت خەلىپە، ۋايىت خەلىپىلەرنى ئۆزلىرىگە رام قىلدى. ۋاڭنىڭ بىر قىز نەۋرىسىنى زايىت خەلىپىگە تارتۇق قىلدى. بۇنىڭ خۇشلۇقىدا زايىت خەلىپە ھەر بالا بولسا ھۆددىسى ماڭا، دەپ جەڭگە تەييار بولۇپ تۇردى.

خوجا ئىسھاق خوجام تۇرپاندىن ناسىرىددىن خوجامنى باش قىلىپ، توختى مۇھەممەت خەلىپە، دۇئاسى خەلىپە، موللا ئوسمان شەيخ، بەختىمەت دۆببېگى، سايراملىق مۇھەممەد ئېلى خەلىپە، قەشقەرلىك مۇسا خەلىپە، قۇربان خەلىپە، ئاقسۇلۇق ھىدايەت خەلىپە قاتارلىق بىر نەچچە باتۇرلارنى لەشكەرلىرى بىلەن لۈكچۈنلۈككە قارشى جەڭگە ئەۋەتتى. ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىپ ئۇرۇشتى. نۇرغۇن ئادەم زايە بولدى. ئاخىردا ئىسھاق خوجامنىڭ لەشكەرلىرى چىداشلىق بېرەلمەي نائىلاج تۇرپانغا قېچىپ كەلدى.

لۈكچۈنلۈكنىڭ غەرىزى بولسا، ئىسھاق خوجىنى يېڭىپ تۇتۇۋالساق، يۇرتىمىزنى ئۆزىمىز سورىساق، مۇبادا ئىچكىرىدىن خىتاي چېرىكلىرى چىقىپ قالسا، خوجىلارنى شۇلارغا تارتۇق قىلىپ خىزمەت تاپساق، دېگەن يامان خىيال بىلەن نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. يەنە لۈكچۈندە 400 ئۆيلۈك تۇڭگان بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆي-جايلىرىغا ئوت قويۇپ، خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنىمۇ قويماي ئۆلتۈردى.

ئۈرۈمچىدىكى سۇدالۇيە، داۋۇت خەلىپىلەر بۇ ھادىسىلەرنى ئاڭلاپ غەزەپ ۋە غەيرەتلىرى جۇش ئۇرۇپ 3000 تۇڭگاننى ياردەمگە ئەۋەتتى.

بۇ كۈنلەردە مۇشۇ سائادەتلىك زاماننىڭ پادىشاھى، ياخشى ئەخلاقنىڭ ھامىيسى بولغان خوجا ئىسھاق ئۆزى باش بولۇپ لەشكەر تارتىپ، ئىككىنچى قېتىم لۈكچۈنگە ئاتلاندى. 15 مىڭدىن ئارتۇق لەشكەر بىلەن ئاۋات دېگەن مەنزىلگە كېلىپ چۈشتى.

تۇرپاننىڭ ئادەملىرى ھەر ئىككى تەرەپكە يان باسماي ئوتتۇرىدا قاراپ تۇردى. نۇرغۇن لۈكچۈن ئادەملىرى قېچىپ كېلىپ قارىمۇقارشى سەپ تۈزۈپ جەڭگە كىرىشتى. نەچچە قېتىم غالىب ۋە مەغلۇپ بولۇشتى. ئاقىۋەت ئىسھاق خوجامنىڭ لەشكەرلىرى تەرىپىدىن غەلىبە شامىلى نامايان بولدى. لۈكچۈنلۈكنىڭ جېنىنى خەس-خەشەكتەك دەشت-باياۋانلارغا ئۇچۇرۇۋەتتى. دۈشمەنلەر يوقىتىلدى. ۋايىت خەلىپە ئىشنىڭ ئۆزى ئويلىغىنىدەك بولماي، ئەكسى تەرىپىگە يۈزلەنگەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلىپ، لۈكچۈنلۈكنىڭ كاتتىلىرىدىن بىر مۇنچىسىنى تۇتۇپ باغلاپ ئېلىپ كېلىپ، ئىسھاق خوجامغا كۆرۈنۈش قىلدى. ئىسھاق خوجام ۋايىت خەلىپىنىڭ گۇناھىدىن ئۆتۈپ ئەپۇ قىلىپ تون-سەرۇپاي ئىنئام قىلدى. ئەسكەرلەر شەھەر دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ كىرىپ نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆلتۈردى. شەھەر ۋە سەھرالارنى تالان-تاراج قىلدى. خوجا ئىسھاق خوجام پەند-نەسىھەت، ئەمرىمەرۇپ قىلىپ لەشكەرلەرنى بۇلاڭ-تالاڭدىن ئاران توختاتتى. لۈكچۈننىڭ چوڭلىرىدىن بىر مۇنچىسىنى دارغا ئاستى. يەنە بىر مۇنچىلىرى قۇمۇل، بارىكۆل تەرەپلەرگە جېنىنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى. ئاخىر تۇرپان، لۈكچۈننىڭ ئىشلىرىدىن پۈتۈنلەي خاتىرجەم بولدى. لۈكچۈننىڭ ھاكىملىقىنى ھاشىر تاجىبەگكە ئىلتىپات قىلدى. تۇرپاننىڭ ھاكىملىقىنى چوڭ غازىغا مەرھەمەت قىلدى. خوجا ئىسھاق خوجام ئۆزى ئەسھابۇلكەھف ۋە باشقا ئۇلۇغ مازارلارنى زىيارەت قىلىپ، كەڭرى نەزىرلەرنى ئۆتكۈزۈپ، غېرىب-مىسكىنلەرنى تويغۇزدى. خەتمە قۇرئان ئوقۇتۇپ، شۈكرى-سەنا بەجا كەلتۈرۈپ دۇئا ۋە ئىلتىجا بىلەن بولدى.

 

 

13

 

سىيىت ئىسھاق خوجىنىڭ قۇمۇلغا يۈرۈش قىلىش قارارىغا كېلىپ، بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققانلىقى؛ چىڭۋاڭ خاننىڭ ئىسھاق خوجامنىڭ ئىستىقبالىغا چىققانلىقى؛ قۇمۇلنىڭ پەتھ قىلىنغانلىقى ۋە ناتوغرا يارلىق كېلىپ قالغانلىقى

 

تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1282- يىلى  زۇلھەججە ئېيىنىڭ 18- كۈنى، ياخشى سائەت، قۇتلۇق ۋاقىتتا ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ ئىگىسى بولغان سىيىت ئىسھاق خوجام، بايراق-ئەلەم، سوناي-كاناي بىلەن خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆزى باش بولۇپ، خىللانغان 16 مىڭ لەشكەرنى ھەمراھ قىلىپ قۇمۇل تەرەپكە قاراپ يۈرۈش قىلدى. بۇ چاغدا قۇمۇلدىكى مۇسۇلمانلار شەھەرنى خىتايلاردىن تازىلاپ خوجاملارنىڭ كېلىشىگە مۇنتەزىر بولۇپ تۇرغانىدى.

تۇرپان بىلەن قۇمۇلنىڭ ئارىلىقى 18 مەنزىل بولۇپ، كۆپ مەنزىللەردە ئوت-چۆپ، سۇ يوق ئىدى. خوجاملار مەنزىلمۇ مەنزىل يول يۈرۈپ، قۇمۇلغا 8 مەنزىل قالغاندا قۇمۇل ۋاڭى ئەۋەتكەن تۆگە، ھارۋىلارغا يۈكلەنگەن نۇرغۇن چۈشكۈن-قونالغۇ  يېتىپ كەلدى. ئارقىسىدىن چىڭۋاڭ خان ئۆزى يېتىپ كېلىپ سىيىت ئىسھاق خوجام بىلەن كۆرۈشتى. خوجامنىڭ ھەممە لەشكەرلىرىنى ئاش-تاماق، يەل-يېمىشلەر بىلەن تويغۇدەك زىياپەت قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن زىيادە تارتۇق، سوۋغا-سالاملارنى، يەنى خۇسۇسەن 400 يامبۇ، 8000 ئاختا ئات قاتارلىقلارنى تارتۇق قىلدى. مۇشۇلاردىنلا قالغان سوۋغا-سالاملارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ.

سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن خوجاملارغا يول باشلاشقا ئادەم تەيىنلەپ قويۇپ، چىڭۋاڭ خان ئۆزى ئالدىدا قايتىپ كەلدى. سىيىت ئىسھاق خوجام ۋە غالىب لەشكەرلەر مەنزىلمۇ مەنزىل يول يۈرۈپ قۇمۇل شەھىرىگە يېقىن بارغاندا چىڭۋاڭ خان يەنە ئىسھاق خوجامنىڭ ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدى. ئۇلارنى شەھەرگە باشلاپ كىرىپ، ئالىي ئوردىغا چۈشۈردى. قالغان خەلىپە، لەشكەر بېشى، باتۇرلارغىمۇ ئۆز لايىقىدا ئىنئاملارنى بەردى. ئادەتتىكى لەشكەرلەردىن ھەر تۆت كىشىگە تۆت كۈندە بىر قوي، تۆت جىڭ چاي كېمىتمەي بېرىپ تۇردى. چوڭلارغا ئەلۋەتتە بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بەردى. سىيىت ئىسھاق خوجام قۇمۇلدا ئۈچ ئاي، بەلكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇنراق ۋاقىت تۇرغان بولسىمۇ، شۇ مىقداردا بېرىپ تۇردى.

قۇمۇل ۋاڭىنىڭ مەنسىپى ناھايىتى چوڭ، مال-دۇنياسى نۇرغۇن ئىدى. چىڭۋاڭ تارتۇق قىلغان ئاتلارنى سىيىت ئىسھاق خوجام لەشكەرلەرگە ئىنئام قىلىپ ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەنىدى. ئاتلارنىڭ چىشلىرىنى كۆرۈپ، ياشلىرىنى ھېسابلاپ كۆرسە، 20 ياشتىن تۆۋەن ئات يوق ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى سۈرۈشتۈرسە، يەرلىك خەلق «چىڭۋاڭ خاننىڭ يىلقىلىرى ناھايىتى كۆپ، سانىنى بىز بىلمەيمىز، ئەمما قويلىرى 260 قوتان بولۇپ، ھەر قوتاندا 700دىن 1200گىچە قوي بار. باش باھاردا بىر بەگ، ئۈچ مىرزا ئاتلارنىڭ تىزىمىنى ئالغىلى، بىر بەگ، ئۈچ مىرزا قويلارنىڭ تىزىمىنى ئالغىلى چىقىدۇ. ئالتە ئايدا ئاران خەتلەپ كېلىپ مەلۇم قىلىدۇ. يايلاقلىرىنىڭ كەڭلىكى شۇ قەدەركى، ئاخىرىغا بىر ئايدا ئاران يېتىپ بارغىلى بولىدۇ» دېيىشتى.

بىر رىۋايەتتە مۇنداق نەقىل قىلىدۇ: ئۈرۈمچىدىكى دايەنشەي، شويەنشەي دېگەن تۇڭگانلار 30 مىڭ تۇڭگان لەشكىرى بىلەن قۇمۇلغا باستۇرۇپ كېلىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى قەستلىگەندە، قۇمۇل ۋاڭى 30 مىڭ تۇڭگان لەشكەرلىرىنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن ئاختا ئات، بىردىن يامبۇ بەرسەم، چوڭ ئەمەلدارلىرىغا ئۆز لايىقىدا ئۇنىڭدىن جىق بەرسەم، يۇرتنى پاراكەندە قىلمىسا، دەپ ئەلچى چىقاردى، ئەمما تۇڭگانلار قوبۇل تۇتماي بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. چىڭۋاڭ خاننى ئۆلتۈرۈپ شېھىت قىلدى. كۆزى كۆرگەن، قولىغا چىققان نەرسىلەرنى بۇلاپ-تالاپ ئېلىپ ئۈرۈمچىگە يېنىپ كەلدى.

يەنە بىر يازغۇچى مۇنداق دەپ يېزىپتۇ: «قۇمۇل ۋاڭىنىڭ ئاغىچىسىنىڭ مەرۋايىت، زۇمرەت، زەبەرجەت، لەئەل-ياقۇت، قىممەت باھالىق تاشلار بىلەن بېزەلگەن بىر چۈمبىلى  بولۇپ، بۇ چۈمبەل كۇچالىق ئاق موللا باي دېگەن كىشىنىڭ قولىغا چۈشكەنىكەن. ئاقسۇغا ئېلىپ بېرىپ مەرغىلانلىق مىرمەھمۇد باي دېگەن كىشىگە 17 يامبۇغا ساتقانىكەن. دېمەك، قۇمۇل ۋاڭىنىڭ مال-دۇنياسىنىڭ كۆپلۈكىنى شۇنىڭدىن مۆلچەرلىسە بولىدۇ.

مەقسەتكە كەلسەك، يەرلىك خەلق ماۋۇلارنى بايان قىلىپ بەردى: «قۇمۇلدا 15 مىڭ ئۆيلۈكتىن كۆپرەك ئادەم بار. ھەممىمىز چىڭۋاڭ خان ئۈچۈن ئىشلەيمىز. قىش-ياز خىتاي مەنسەپدارلىرىغا بىر نەرسە بەرمەيمىز. قۇمۇلغا تەۋە يەرلەردىن خىتايلار بىر كەتمەن توپا ئالسا چىڭۋاڭ خاننىڭ خەزىنىسىگە كۈمۈش تۆلەيدۇ. خاقانى چىندىن باشقا مەنسەپدارلارغا ئېگىلمەيدۇ. خىتاي مەنسەپدارلىرىمۇ چىڭۋاڭ خاننىڭ ئوردىسىغا كېلىپ باش ئۇرىدۇ. 10 ئەۋلاد، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ۋاقىتتىن ئىلگىرىلا خاقانى چىن بىزلەرنى يارلىق بىلەن چىڭۋاڭ خانغا بېرىۋەتكەنىكەن. شۇنىڭدىن بېرى قۇلدەك ئىشلىتىدۇ. چىڭۋاڭ خان خاقانى چىنغا ھەر يىلى 360 قوغۇن، بىر توققۇزدىن توققۇز بىلەي تاش سوۋغات قىلىدۇ. بۇنىڭغا نۇرغۇن ئىنئام ئالىدۇ. ھەر يىلى ئۆزى 75 يامبۇ، ئاغىچىسى پۇجۇڭ خېنىم 36 يامبۇ، نەچچە توپ تاۋار-دوردۇن ئالىدۇ. ئۈچ يىلدا بىر قېتىم بېيجىڭغا بارىدۇ. بېرىپ-كەلگۈچە بولغان پۈتۈن خىراجىتى خاقانى چىننىڭ خەزىنىسىدىن بولىدۇ. ھەر قېتىم بارغاندا ئاز دېگەندىمۇ 500 يامبۇ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ كۆپتىن كۆپ تەرىپلەپ بەردى. ئەمەلىي ئەھۋال، ئۇلار دېگەندىن زىيادە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. خاقانى چىنغا تەۋە مۇسۇلمان ۋاڭلارنىڭ ئىچىدە قۇمۇل ۋاڭىدىن چوڭى يوق ئىدى.

گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، سىيىت ئىسھاق خوجام قۇمۇلدا تۇرغان چاغدا ساجۇ تۇڭگانلىرىدىن: «بىز خىتايلار بىلەن سوقۇشۇپ، نۇرغۇن خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرنى ئالدۇق. ئەمما خىتايلار يەنە بىر دەرۋازىدىن چىقىپ بىزنى شەھەرگە سولىۋالدى. بىزلەر قامىلىپ قالدۇق. ياردەم بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن مەزمۇندا خەت ۋە ئەلچى كەلدى.

بارىكۆلگە تۇرپان ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىن قاچقان خىتايلار قوشۇلۇپ بىر لەكتىن كۆپرەك خىتايلار توپلىشىپ قالغانىدى. قۇمۇلدىن قېچىپ بارغان خىتايلارنى بارىكۆلگە كىرگۈزمەي بىر مەنزىل يىراقلىقتا يىڭفاڭ* قۇرۇپ، ئاش-ئوزۇقىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ قاراۋۇلچى تەرىقىسىدە توختىتىپ قويغانىدى.

سىيىت ئىسھاق خوجام بارىكۆلنى پەتھ قىلىش ئۈچۈن، خەلىپە، باتۇرلارنى باش قىلىپ 10 مىڭ لەشكەرنى ئەۋەتتى. بۇلار يېتىپ بېرىپ نەچچە قېتىم غالىب، نەچچە قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، ئاقىۋەت شەھەرنىڭ سىرتىدا يىڭفاڭ ساقلاپ ياتقان خىتايلارنى تارمار قىلىپ شەھەرگە قوغلاپ باردى.

شەھەرنىڭ بىر تەرىپىدە قالماقلار شەھەر بىنا قىلىپ ئولتۇرۇپ كەتكەنىكەن. بارىكۆل خىتايلىرى ناھايىتى باتۇر ئىكەن. خىتايلار ئۇرۇشقا چىقسا ھەممىسى ئاتلىرىغا ئەنجانچە ئىگەر-جابدۇق توقۇپ چىقىدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەك، بۇلار قەشقەر تەرەپكە نەچچە قېتىم ئۇرۇشقا بارغانىكەن.

جەڭ راسا قىزىپ، شەھەر پەتھ بولىدىغان كۈن، ئاسانلىق ۋە خۇشاللىق يۈز كەلتۈرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كېلىپ، خوجاملارنىڭ دۆلەت قۇياشى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان، لەشكەرلەر جان بېرىپ، جان ئېلىپ جىددىي تىرىشچانلىق ۋە قەھرىمانلىق كۆرسىتىۋاتقان چاغدا راشىددىن خان خوجامدىن يارلىق كەلدى. يارلىقنىڭ مەزمۇنى: «قىرغىز ۋە قىپچاقلار قەشقەر ۋە يەكەننى بېسىۋالدى. ئۇ يەردىكى خوجىلارنىڭ ھەممىسى قېچىپ كەلدى. نۇرغۇن لەشكەرلەر زايە بولدى. لەشكەرلەرنى ئېلىپ دەرھال يېتىپ كېلىپ، قىرغىز، قىپچاقلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ قەشقەر ۋە يەكەننى ئاجرىتىپ ئالمىسىلا، ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە، دۈشمەن كۈچلىنىپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ» دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. بۇ خەۋەر لەشكەرلەر ئارىسىغا تارقالدى. ھەممىسى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە خوتۇن-بالىلىرىنى سېغىنىپ تۇرغاچقا، لەشكەرلەرنىڭ كۆڭلى ئۇرۇش-جەڭدىن پۈتۈنلەي سوۋۇپ، ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېتىشنىڭ كويىغا چۈشتى. يۇرتىمىزغا بېرىپ بالا-چاقىلىرىمىزنى كۆرۈپ، يەنە ئالاھىدە ئايرىم كېلىپ، قالغان شەھەرلەرنى پەتھ قىلساق، دەپ چوڭ-كىچىك خوجاملارنىڭ ئاياغلىرىغا يىقىلىپ يىغلاشتى. بۇ غالىب، ئىنتىزاملىق لەشكەرلەر بىردەمدىلا پاراكەندە، چۇۋالچاق، بىسەرەمجان بولدى. خوجاملار ھەيران بولۇپ بىر نەرسە دېيىشكە ئامالسىز قالدى. بۇ بىۋاپا ئالەم، توختالغۇسى يوق جاھاندا ئەزەلدىن كۈندۈزگە كېچە، ياشلىققا زاۋاللىق ھەمراھ بولۇپ كەلگەنىدى. مۇشۇنداق دۆلەت ۋە سائادەت يار بولۇپ، خۇرسەنلىك ۋە پاراۋانلىق يۈز كەلتۈرگەن بىر پەيتتە، لەشكەرلەر غەلىبە ۋە نۇسرەت بىلەن ھىممەت ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ھالەتتە، راشىددىن خوجامنىڭ پايدىسىز، نامۇۋاپىق يارلىقى كېلىپ، ئەسكى تامدا ھۇۋقۇش سايرىغاندەك، ئاۋۋال ئاخشامدا خوراز قىچقارغاندەك جەمئىيەتنى پاراكەندە قىلىپ، ئىستىقبال شامىنى ئۆچۈرۈپ، دۆلەت قۇياشىنى زاۋاللىقنىڭ بۇلۇتى قاپلاپ، ئالەمنى قاراڭغۇلاشتۇرۇشقا سەۋەب بولدى.

شۇنداق قىلىپ ئۇلار بارىكۆلنى چالا تاشلاپ، قۇمۇلنى چىڭۋاڭ خانغا تاپشۇرۇپ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنى داۋۇت خەلىپە، سۇدالويىلارغا مەرھەمەت قىلىپ، تۇرپاننى ئابىددىن خوجام، سو يىنشى خەلىپىلەرگە ئىلتىپات قىلىپ، كورلىنى پەرەخشا خوجامغا سۇيۇرغال قىلىپ، بۈگۈرنى تاھىر قازى بەگكە ھاۋالە قىلىپ، تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن دۆلەتنىڭ پاسىبانى، باتۇر، ئەزىمەت ئىسلام لەشكەرلىرىنى يېتەكلەپ، داغدۇغا، داقا-دۇمباق، كاناي-سۇناي، نەغمە-ناۋا ساداسىنىڭ ھەيۋەت ۋە ھەشىمىتى بىلەن دارىسسەلتەنە كوچا تەۋەسىگە كىرىپ كەلدى. ئىستىقبال قىلىپ ئالدىغا چىققان ئاتا-بالا، قەۋم-قېرىنداش، يارۇبۇرادەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشى، ئەجەل شەربىتى ئىچىپ شېھىتلىك ماقامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئاتا-ئانا، بالا-چاقىلىرىنىڭ يىغا-زارە ۋە نالە-ئەفغانى، تاماشىچىلارنىڭ ھاي-ھۇي، غۇلغۇلا ئاۋازى يەتتە قات ئاسماندىن ئۆتۈپ پەرىشتىلەر گۇرۇھىنى پاراكەندە قىلدى. خوجاملار ۋە لەشكەرلەر مۇشۇنداق ھەيۋەت ۋە ھەشەمەت بىلەن كوچا شەھىرىگە داخىل بولۇپ، ئۆي-ماكانلىرىغا كېلىپ، ئاتا-بالا، ئەھلى ئايال، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن دەرقەمتە بولۇپ خۇشال-خۇرام بولۇشتى. ئاجىز، غېرىپ-غۇرۋالارغا نەزىر-نۇزۇرات بېرىپ، ئۇرۇق-تۇغقان، يار-بۇرادەرلىرىگە كىيىم-كېچەك، ئۈستىباش، تىللا-تەڭگە، خەرجى-خىراجەت ئىنئام قىلىشتى.

 

 

14

 

گۈزەل ئەخلاق، ياخشى پەزىلەتلىك ئىسھاق خوجامنىڭ يەكەن، قەشقەر غازىتىغا بېرىشنى قارار قىلغانلىقى ۋە ياقۇپبەگ قوشبېگىلى بىلەن ئەپلىشىپ قالغانلىقى

 

كوچا دارىسسەلتەنەدە راشىددىن خان خوجام ۋە ئىسھاق خوجاملار بىر-بىرىگە سوۋغا-سالاملارنى ئىنئام قىلىپ، زىياپەت-مېھماندارچىلىقنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى مۇراد-مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن لەشكەرلەرنى سەرەمجانلاشتۇرۇپ، سەپەر ۋە جەڭ تەييارلىقلىرىنى پۈتكۈزۈپ، ياخشى كۈن، قۇتلۇق سائەتتە يەكەن ۋە قەشقەرنى قولغا كىرگۈزۈش نىيىتى بىلەن خۇشال-خۇرام يولغا چىقتى.

تارىخىي 1283- يىلى  مۇھەررەم ئېيىنىڭ 2- كۈنى (پەيشەنبە) ئۇلار نۇرغۇن مەنزىللەرنى بېسىپ ئاقسۇغا يېتىپ كەلدى ۋە مەخسۇس تەييارلانغان جايغا چۈشۈپ ئورۇنلاشتى.

قۇمۇلدىن خوجا ئىسھاق خوجامنىڭ تۇغ-ئەلەملىرىنى ئەگىشىپ بىللە كەلگەن لەشكەرلەرنىڭ تولىسى كۇچادا تۇرۇپ قالغانىدى. ئىسھاق خوجام بىلەن ئۆزىنىڭ خىزمەتچىلىرى، لەشكەر باشلىقلىرى، باتۇر ۋە كۆڭلى يېقىنلىرىدىن بولۇپ 3000دىن كۆپرەك كىشى ھەمراھ بولۇپ كەلگەنىدى. چۈنكى ئاقسۇ ۋە ئۈچتۇرپان لەشكەرلىرىنى ھامىددىن خوجامنىڭ ئېلىپ بېرىشىغا يارلىق چۈشۈرۈلگەنىدى.

خوجا ئىسھاق خوجام ئاقسۇدا ئون كۈندەك تۇرۇپ ئۇلۇغ مازارلارنى زىيارەت قىلىپ، ئاجىز، غېرىب-غۇرۋالارغا نەزىر-نۇزۇراتلار بېرىپ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئالغاندىن كېيىن، توختى مۇھەممەد خەلىپە، ئىبراھىم باتۇرلارنىڭ باشچىلىقىدا 2000 لەشكەرنى بىر كۈن بۇرۇن ئالدىدا ماڭدۇردى. بىر كۈن كېيىن ئۆزلىرى خاس مەھرەم ۋە خىزمەتچى مۇلازىملىرى بىلەن يەكەن تەرىپىگە يۈرۈش قىلدى.

قورال-ياراقلىرىنىڭ خىللىقى، داغدۇغا ھەيۋەتلىرى، سۆلەت ۋە شەۋكەتلىرى شۇنچىلىك ئىدىكى، بۇ موغۇلىستان يۇرتلىرىدا ئۆتكەن پادىشاھلار بۇنداق ھەشىمەتكە مۇيەسسەر بولمىغان بولۇشى مۇمكىن. لەئەل-جاۋاھىر بىلەن نەقىش قىلىنغان، ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن سىر بېرىلگەن كانايلارنى چېلىپ ئىككى كانايچى ئالدىدا، ئۇنىڭدىن كېيىن لەئەل-ياقۇت بىلەن نەقىشلەنگەن بىر جۈپ كاناي-سۇنايچى، ئالتە ئاتلىق ناغرىچى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىككى ئاتلىق كانايچى ماڭاتتى. كاناي، سۇناي، ناغرىچىلارنىڭ ھەممىسى 12 ئاتلىق بولۇپ، 12 كىشى بۇلارنىڭ ئاتلىرىنى يېتىلەپ ماڭاتتى. ئالدىدىكى كاناينىڭ ئاۋازى پەسرەك چىقسا، ئارقىدىكىسىنىڭ ئېگىز چىقاتتى. كاناي-سۇناي ئاۋازىغا قوشۇلۇپ ئېيتىلغان مۇڭلۇق مۇقام، يېقىملىق غەزەللەرنىڭ ساداسى قوشۇلۇپ ھاسىل بولغان نەغمىنىڭ ئاللا ـ بارىكاللاسى جاھاننى قاپلاپ پەلەكنى قاپلايتتى.

بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئاتىسىنىڭ خىزمىتىدىن باش تارتقان، ئانىسىنىڭ سۆزىگە گەدەنكەشلىك قىلغان شوخ، باشباشتاق ياش يىگىتلەردىن ئۈچ-تۆت مىڭ كىشى ئۇلارغا ئەگىشىۋالغانىدى. ئۇلار خۇددى باغ سەيلىسى، قىزىلگۈل تاماشىسىغا بارىدىغاندەك خىيال ۋە تەسەۋۋۇر بىلەن ئاتا-ئانىلىرىدىن خەۋەرسىز، خوتۇن- بالا- چاقىلىرىدىن پەرۋاسىز، مەست-بىھۇش بولغاندەك ئۈچ-تۆت مەنزىل يەرگىچە بىللە باردى. بەزىلىرى ئۆزىنى توختىتىپ، ھوشىنى تېپىپ قايتىپ كەتتى. بەزىلىرىنى ئاتا-ئانىلىرى بېرىپ قايتۇرۇپ كەلدى. بەزىلىرى ئاتا-ئانىلىرى مىنىپ بارغان ئاتلارنى مىنىپ لەشكەرلەرنىڭ ئارقىسىدىن بىللە ماڭدى. مۇشۇ خىل ئەھۋال بىلەن يەكەن تەۋەسىگە يېتىپ باردى.

سىيىت ئىسھاق خوجام مەنزىلمۇ مەنزىل يۈرۈپ يەكەنگە يېتىپ بېرىپ ئۆز سەلتەنىتىگە لايىق بىر ھويلىغا چۈشۈپ ئورۇنلاشتى. ئەمما ھامىددىن خوجامدىن ھېچقانداق خەۋەر يوق ئىدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن جامالىددىن خوجام خانئېرىقتا مەغلۇپ بولۇپ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، ئاتىلىق غازى يەكەننى ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا كىرگۈزۈپ، كىچىكخان تۆرەمنى يەكەننىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلەپ قويغانىدى. سىيىت ئىسھاق خوجام يەكەنگە يېتىپ بېرىشى بىلەن كىچىكخان تۆرەمنى تۇڭگانلار شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ تاشقىرى چىقارماي ئۆزلىرىگە ھەمراھ قىلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن يەكەننىڭ بىر تەرىپىگە خوجاملار، يەنە بىر تەرىپىگە تۇڭگانلار ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇردى.

خوجا ئىسھاق خوجامنىڭ يەكەنگە يېتىپ بارغانلىقىنى ياقۇپ قوشبېگى قەشقەردە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ قويۇش نىيىتىگە كېلىپ نۇرغۇن لەشكەرلەرنى باشلاپ مارالبېشىغا باردى. بىر ئات چاپماقلىق بىلەن مارالبېشىنى قولغا كىرگۈزۈپ يەكەنگە يۈزلەندى. يەكەنگە يېتىپ بېرىپ ھەپتە مۇھەممەد بۇزۇرۇكۋارغا چېدىر-بارگاھلىرىنى تىكىپ ئورۇنلاشتى. قوشبېگى شەھەرنىڭ تېشىدا، ئىسھاق خوجا يەكەن كونا شەھەرنىڭ ئىچىدە، كىچىكخان تۆرەم ۋە تۇڭگانلار يەكەن يېڭىشەھەرنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە كۈنگىچە جەڭ-جېدەل قىلىشماي بىر-بىرىنى ماراپ تىپتىنچ يېتىشتى. ئاقىۋەت ئىسھاق خوجام بىلەن تۇڭگانلار مەسلىھەت قىلىشىپ، قوشبېگى بىلەن ئۇرۇشماقچى بولۇپ جەڭ تەييارلىقلىرىغا كىرىشتى. بۇ ئەھۋالدىن نىياز ئىشىك ئاغا بەگ ۋاقىپ بولدى. ئۇ دەرھال بېرىپ قوشبېگىگە: «پالانى كۈنى كېچىسى 7000 تۇڭگان، 2000 يەرلىك لەشكەر بىرلىشىپ قوشۇنىڭىزغا ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. ئاگاھ بولۇپ تەدبىرىنى ئۆزىڭىز قىلغايسىز. بۇنىڭدىن باشقا خىزمەت مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ»، دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. ھۇجۇم قىلىدىغان كېچىسى قۇشبېگى لەشكەرلەرنى تۆتكە بۆلۈپ، تۆت تەرەپكە يوشۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ، چېدىر-بارگاھلىرىنى قۇرۇق قويۇپ ھوشيار بولۇپ تۇردى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا تۇڭگانلار بىلەن ئىسھاق خوجامنىڭ لەشكەرلىرى قوشبېگىنىڭ قوشۇنىغا توپ-زەمبىرەك، ئوق-ياراق بىلەن ھۇجۇم قىلدى. قارىسا لەشكەرلەردىن ئەسەر يوق. چېدىر-بارگاھلىرى قۇرۇق تۇرغان. مۇشۇنداق ھەيرانلىقتا تۇرغان پەيتتە، خۇددى ئاسماندىن بالا ياغقاندەك قوشبېگىنىڭ يىگىتلىرى تۆت تەرەپتىن تۇڭگانلارغا ئۆزىنى ئۇردى. كۆپچىلىكنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى. 600دەك تۇڭگان، 800دەك يەرلىك مۇسۇلمانلار جانلىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ ئامان قالدى. خوجا ئىسھاق خوجام، كىچىكخان تۆرەم ۋە تۇڭگانلار بۇ توقۇنۇشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي سۈلھ قىلىپ ئەپلەشمەكتىن باشقا ئىلاجنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىشتى ۋە ئىلاجسىزلىقتىن سۈلھ قىلىپ ئەپلىشىپ قېلىش قارارىغا كېلىشتى. چۈنكى لەشكەرلەرنىڭ تولىسى چىقىم بولغان ۋە ئەسىرگە چۈشكەنىدى.

ئاقىۋەت خوجا ئىسھاق خوجام قالغان لەشكەرلەرنى ۋە لەشكەر باشلىقلىرىنى باشلاپ قوشبېگى تۇرۇشلۇق جايغا بېرىپ سۈلھ تۈزۈپ ئەپلەشتى. قوشبېگى خوجا ئىسھاق خوجامغا زىياپەتلەر بېرىپ مۇنۇ گەپلەرنى ئارىغا سالدى: «ئۆزلىرى خىتايلار بىلەن نۇرغۇن جەڭ قىلىپ غازىلىق دەرىجىسىگە مۇشەررەپ بولدىلا. راشىددىن خوجام ئاقسۇنى سىلىگە بەرسۇن. ئاقسۇنى سىلى سورىسىلا. مارالبېشىنىڭ ئۇ تەرىپىنى سىلى، مارالبېشىنىڭ بۇ تەرىپىنى بىز سورايلى. ئىتتىپاق بولۇپ ئارىمىزدا خەت، ئەلچىلەر يۈرۈشۈپ تۇرسۇن. مۇبادا قايسى بىرىمىزگە بىرەر تەرەپتىن دۈشمەن پەيدا بولسا ئۆزئارا مەدەت ۋە ياردەمدە بولايلى. ئەگەر راشىددىن خوجام ئۈستىگە لەشكەر تارتىپ بارىمەن. غەلىبە نۇسرەتنىڭ دەرۋازىسى قايسىمىزنىڭ يۈزىگە ئېچىلسا بەخت-تەلىيىمىزدىن كۆرىمىز»، دەپ ئۆز لايىقىدا ئالىي تون-سەرۇپاي ۋە ئېگەر-جابدۇقلىرى بىلەن ئارغىماق ئات ئىنئام قىلدى. قوشبېگى ئىسھاق خوجامنى قولتۇقىدىن يۆلەپ ئاتقا مىندۈردى. ئەسىر چۈشكەنلەرنى ئازاد قىلىپ، ئات-ئۇلاغ، ئوزۇق-تۈلۈك، يول خىراجىتى بېرىپ كوچا تەرىپىگە ئۇزىتىپ قويدى.

ئىسھاق خوجام يەكەندە تۇرغان چاغدا، قوشبېگى مارالبېشىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ھېكىمخان تۆرىنى ھاكىم قىلىپ تەيىنلەپ قويۇپ ئاندىن يەكەنگە بارغانىدى. بۇنىڭ بىلەن يەكەن تەرەپتىن ئاقسۇ، كوچا تەرىپىگە بېرىپ-كېلىپ تۇرىدىغان كىشى بولمىغانلىقتىن، نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا راشىددىن خوجامنىڭ يارلىقى بىلەن ھامىددىن خوجام ئۇچتۇرپان ۋە ئاقسۇ لەشكەرلىرىنى ئېلىپ مارالبېشىغا باردى. ئۇلارنىڭ غەرىزى مارالبېشىنى ئېلىپ، ئاندىن يەكەنگە بېرىپ ئىسھاق خوجامغا مەدەت ۋە ياردەم بېرىش ئىدى.

ئاقسۇ لەشكەرلىرىگە مۇھەممەد شېرىپ ئۆتەڭ بېگى باش بولۇپ يولغا چىققانىدى. ھامىددىن خوجام 700 لەشكەر بىلەن ئۇچتۇرپاندىن چىقىپ مارالبېشى تەرەپكە ئات سالدى. چارباغ ئۆتىڭىگە ھېكىمخان تۆرەم بىر مۇنچە ئادەمنى قاراۋۇل قىلىپ قويغانىدى. ھامىددىن خوجام يېتىپ كېلىپ قاراۋۇللارنىڭ بەزىلىرىنى تۇتۇپ باغلاپ ئۆلتۈردى. بەزىلىرى قېچىپ بېرىپ ھېكىمخان تۆرەمگە خەۋەر يەتكۈزدى. ھېكىمخان تۆرەم مارالبېشىدىن نۇرغۇن لەشكەرلەرنى ئەكېلىپ ھامىددىن خوجام بىلەن جەڭ قىلدى. ھامىددىن خوجام مەغلۇپ بولۇپ قاچتى. لەشكەرلەرنىڭ ئۆلگىنى ئۆلدى، قالغىنى سەرسان بولۇپ پىيادە، ئاچ-يالىڭاچ، ئاۋارە ھالدا ئۆز ماكانلىرىغا قېچىپ كېلىپ سالامەت قالغانلىقلىرىغا شۈكرى قىلىشتى.

ئىسھاق خوجام قوشبېگىنىڭ قولىدىن ئامان-ئېسەن قۇتۇلۇپ چىقىپ، مەنزىلمۇ مەنزىل يول يۈرۈپ ئاقسۇغا يېتىپ كەلدى. ئاقسۇدىكى خوجاملار: «يەكەن بىلەن قەشقەرنى بىر ئەخمەققە سېتىۋېتىپ كەپتۇ»، دەپ تاپا-تەنە قىلىپ خاپا بولۇشتى. قۇمۇلدىن ئىسھاق خوجام بىلەن بىللە كەلگەن لەشكەرلەرنى «ھامىددىن خوجام بىللە ئېلىپ بارىدۇ»، دەپ كۇچادا ئېلىپ قېلىپ، ئىسھاق خوجامغا ئاقسۇدىنمۇ لەشكەر قوشماي ئازغىنا لەشكەرلەر بىلەنلا يولغا سالدى. مارالبېشىنى قوشبېگى بېسىۋالغانلىقتىن يول ئېتىلىپ قېلىپ مەدەت ۋە ياردەم ئۆز ۋاقتىدا يېتىپ بارالمىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، گۇناھنى ئىسھاق خوجامغا ئارتىپ قويۇشتى.

راشىددىن خان خوجام، ئىسھاق خوجامنىڭ ئارقىسىدىن 1500 لەشكەرنى يولغا سالغان بولسىمۇ، يەكەنگە بارماي ئاقسۇدا تۇرۇپ قالغانىدى. بۇ لەشكەرلەر ئىسھاق خوجام قۇمۇل ۋە تۇرپاندىكى چاغلىرىدا خىزمىتىدە بولغان لەشكەرلەر ئىدى. ئىسھاق خوجامنىڭ كۆڭلى بىر ئاز رەنجىپ كۇچاغا قاراپ يولغا چىقىشقا تەييارلاندى. راشىددىن خان خوجام ئەۋەتكەن 1500 لەشكەر ۋە ئەسلىدە كوچا، بۈگۈر، كورلىدىن بولۇپ ھازىر ئاقسۇدا تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن لەشكەرلەرمۇ ئىسھاق خوجام بىلەن بىرلىكتە كۇچاغا قايتىپ كېتىشكە تەييار بولدى. جامالىددىن خوجام بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ ئۆزى ئاتلىنىپ ئىسھاق خوجامنىڭ خىزمىتىگە يېتىپ باردى ۋە ھەممە گۇناھنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئۆزرە ئېيتىپ ئەپۇ سورىدى. سوۋغا-سالام، تارتۇق-پىشكەشلەرنى ئالدىدا قويۇپ، زىياپەت بېرىپ، مېھماندارچىلىقنىڭ قائىدە-رەسمىيەتلىرىنى بەجا كەلتۈردى. ئىسھاق خوجام جامالىددىن خوجامنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ لەشكەرلەرنىڭ مەسلىھەتى بىلەن تاھىرىددىن خوجام، مۇللاش خەزىنىچى، ئابدىۋايىتبەگ، ئەيسا بەگلەرنى باش قىلىپ 1000 لەشكەرنى جامالىددىن خوجامنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردى. جامالىددىن خوجام خۇشال ۋە مىننەتدار بولۇپ، ھېلىقى لەشكەرلەرگە تون-سەرۇپاي، سەللە-كۇلا، پۇل ۋە تەڭگە بېرىپ ھەممىنى خۇرسەن قىلدى. لېكىن لەشكەرلەرنىڭ غەيرەت ۋە جەڭگىۋارلىقىغا زەخمەت يېتىپ زەئىپلىككە يۈزلەندى. دۆلەت ۋە ھاكىمىيەت ئاجىزلىشىپ زاۋاللىققا قاراپ ماڭدى.

سىيىت ئىسھاق خوجام بولسا ھەشەمەت بىلەن ئاتلىنىپ كۇچاغا يېتىپ باردى. ئۇ: «ھەممىنى يوقتىن بار ئەتكۈچى، ھەممىگە كۈچى يەتكۈچى ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ دەرگاھىدا بۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىشلار يۈز بېرەركىن»، دېگەن پىكىر-خىيال بىلەن دۇئا ۋە تەلەپتە بولۇپ، بەش ۋاق نامىزىنى ئادا قىلىپ، يېتىم-يېسىر، غېرىب-غۇرۋالارغا نەزىر-نىيازلار بېرىپ، ئۇرۇق-تۇغقان، يار-بۇرادەرلىرىگە سەللە-سەرۇپاي، تەڭگە-تىللالار ئىنئام-ئېھسان قىلىپ ئۆز-ئۆزىدىن مەمنۇن بولۇپ ياتتى.

 

 

15

 

كۇچالىق خوجىلارنىڭ ئارىسىدا قارىمۇقارشىلىق يۈز بەرگەنلىكى؛ مۇشۇنداق بەخت-ئامەتكە شۈكرى قىلمىغانلىقتىن ئۇلارنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرگە قالغانلىقى ۋە ئاتىلىق غازىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى

 

سىيىت ئىسھاق خوجام پۈتۈن ئالەمنى ياراتقۇچى تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن يەكەندە جانابىي ئاتىلىق غازى بىلەن سۈلھ تۈزۈپ، ئاۋام خەلقنىڭ تىنچ-ئاسايىشلىقىنى كۆزلەپ، ۋەدە-قەسەملەر بىلەن ئىشنى ئاخىرلاشتۇردى ۋە كۇچاغا يېنىپ كېلىپ تائەت-ئىبادەتكە مەشغۇل بولدى. ئەمما راشىددىن خان خوجام، جامالىددىن خوجاملار: «يەكەننى لىڭگىرچاققا ئوخشايدىغان بىر قارا ئەخمەققە سېتىپ كەپتۇ» دەپ تاپا-تەنە قىلىپ ئىسھاق خوجامنى ئەيىبلەشكە باشلىدى.

راشىددىن خان خوجامنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ۋە جامالىددىن خوجامنىڭ ئوغلى يەھيا خوجام باشلىق چوڭ-كىچىك خوجاملارنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى ھېچقانداق مەزھەپ يا مىلل