|
تارىخى ئەمىنىيە
ئىككىنچى داستان
ئىككىنچى داستان
1
ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ موغۇلىستان مەملىكىتى ۋە يەتتە شەھەر ئەھلىنى
ئېستېلا قىلغانلىقى ۋە بۇزۇرۇكخان تۆرەمنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە
ئولتۇرغانلىقى
رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ياقۇپبەگ قوشبېگىنىڭ ئەسلى يۇرتى تاشكەنت
ۋىلايىتىنىڭ پىسكەنت دېگەن يېرى بولۇپ، شۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنىكەن. ئۇ
كىچىدىنلا ئەمەلدارلىق قائىدىلىرىنى ئۆگەنگەن ۋە باتۇرلۇق ئىلىملىرىنى مەشق
قىلغانىكەن. شۇ چاغلاردا نارمۇھەممەد قوشبېگى تاشكەنتكە ھاكىم بولغان
بولۇپ، ياقۇپبەگنىڭ ھەمشىرىسىنى نىكاھىغا ئالغانىكەن. شۇ سەۋەبىلەر بىلەن
ياقۇپبەگ نارمۇھەممەدكە مۇلازىم بولغانىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن تاشكەنتكە
تاجىك قانائەت شاھ ھاكىم بولغاندا، ياقۇپبەگ ئۇنىڭغا مۇلازىم بولغان ۋە
مەھرەملەر قاتارىدا ياخشى خىزمەت قىلىپ كۆزگە كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈن
مەھرەملەرگە يۈز بېشى قىلىپ تەيىنلەنگەنىكەن. ئاندىن ياقۇپبەگنىڭ
دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۇنى ئاق مەسچىت دېگەن شەھەرگە مۇستەقىل ھاكىم قىلىپ
تەيىنلىگەنىكەن. ئاق مەسچىت بولسا تاشكەنت ۋىلايىتى ۋە دەشتى قىپچاق
ئىچىدىكى تونۇلغان مەشھۇر بىر شەھەر بولۇپ، تاشكەنت بىلەن ئاق مەسچىتنىڭ
ئارىلىقى 12 مەنزىل يول ئىدى. بۇ چاغدا تارىخىي ھىجرىيىنىڭ تەخمىنەن 1265-
يىلى بولسا كېرەك، بۇ چاغدا ياقۇپبەگ 22 ياشتا بولۇپ، بىر نەچچە يىل ئاق
مەسچىتتە يۇرت سورىدى. شۇ كۈنلەردە روسىيىلىك ئادەملەردىن بىر قانچىسى
بېرىش-كېلىش قىلىپ يۈرۈپ ياقۇپبەگ بىلەن دوست بوپتۇ. ئۇلار ياقۇپبەگكە:
مۇشۇ دەريا دىكى بېلىقلارنى بىزگە ساتسىڭىز، بىز تۇتۇپ قۇرۇتۇپ ئىچكى
ئۆلكىلەرگە ئېلىپ كەتسەك، دەپتۇ. ياقۇپبەگ قانائەت شاھقا مەلۇم قىلىپ
قويۇپ، ئۇلارنىڭ دېگىنىگە ماقۇل بوپتۇ ۋە بېلىقلارنى 40 مىڭ قىزىل تىللاغا
سېتىپ ھۈججەت-توختامنامىلەر تۈزۈشۈپتۇ.
يەنە
بىر ئەھۋال شۇكى، ئاق مەسچىت ئەتراپىدىكى قىرغىز، قازاقلار بېرىشكە
تېگىشلىك زاكات-باجلارنى ۋاقتىدا بەرمەي كەينىگە تارتىپ، زاكات-باجلارنى
يىغقىلى چىققان ئادەملەرنى ئۇرۇپ ھەيدىۋەتكەن، ھەتتا ئۇلارنى بۇلاپ-تالاپ،
تالان-تاراج قىلغان. بۇنى ئاڭلىغان ياقۇپبەگ نۇرغۇن قوشۇن بىلەن بېرىپ
قىرغىز، قازاقلار بىلەن سوقۇشقانىكەن، ئاخىر ياقۇپبەگ غەلىبە قىلىپ
قىرغىز-قىپچاق، قازاقلارنى باغلاپ ئەسىر قىلىپ، نۇرغۇن مال-مۈلۈك،
ئات-ئۇلاغلارنى ئولجا ئېلىپ ئۆز جايىغا قايتىپ كەلگەنىكەن، شۇنىڭ بىلەن
كۈندىن كۈنگە دۆلىتى زىيادە، ئىستىقبالى ياخشى بولۇپتۇ.
شۇ
كۈنلەردە ياقۇپبەگ قوقەن پادىشاھلىق ئوردىسىغا: «مەن كەمىنە ئاجىز قۇللىرى
خان ھەزرەت ئالىيلىرىنىڭ دىدارىنى كۆرۈپ، بوسۇغىلىرىنى تاۋاپ قىلسام،
توپىسىنى سۈرمە ئورنىدا كۆزۈمگە سۈرتۈپ، خىزمەتكارچىلىقىمنى بىلدۈرۈپ
يانساپ دېگەن ئارزۇيۇمنى ئىزھار قىلدىم. قوبۇل قىلىشلىرىغا مۇشەررەپ
بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن»، دەپتۇ. خان ھەزرەت ياقۇپبەگنىڭ تەلىپىنى ماقۇل
كۆرۈپ «كەلسۇن» دەپ يارلىق چۈشۈرۈپتۇ. ياقۇپبەگ يارلىقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن
كېيىن، توققۇز-توققۇز قىرغىز، قازاق قىزلىرىنى رەڭمۇرەڭ ئېسىل كىيىم-كېچەك،
زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن، توققۇز-توققۇز ياش، بىساقال، بەرنا ئوغۇللارنى
خىلمۇخىل ئالىي ئۈستىباش، ئۆتكۈر قلىچ ۋە خەنجەر بىلەن ياساندۇرۇپتۇ.
توققۇز قازاق ئېتىنى قالماق ئېگەر-جابدۇقلىرى بىلەن ياساپ-جابدۇپ، ئۇنىڭدىن
باشقا ھەر تۈرلۈك مال-ماتا، ئېسىل رەختلەرنى ھازىرلاپ، تارتۇق-پىشكەشلەرنى
تەييارلاپتۇ.
ياخشى سائەت، ئۇلۇغ كۈنلەرنىڭ بىرىدە يۇقىرىدا ئىزھار قىلىنغان
تارتۇق-پىشكەشلەرنى ئېلىپ، قوقەن شەھىرىگە بېرىپ پادىشاھلىق ئوردىسىغا
داخىل بولۇپتۇ. خان ھەزرەتلىرى تارتۇق-پىشكەشلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپتۇ.
ياقۇپبەگنىڭ بۇنداق تارتۇق-پىشكەشلىرىگە خان ھەزرەت مەمنۇن بولۇپ،
پادىشاھلارغا خاس سېخىيلىق بىلەن ئىنئام-ئېھسانلارنى ئىلتىپات قىلىپ، ئۇنى
ھەممە سەركەردە، قوماندان، ئەمەلدارلىرىدىن دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلىپ،
يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلىپتۇ. بۇ چاغقىچە دەشتى قىپچاق تەرىپىدىن
باشقا ئەمەلدارلاردىن بۇ تەرىقىدە پىشكەشلەر كەلمىگەنىكەن.
ياقۇپبەگ ئاق مەسچىتنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ھاكىم، ۋەزىر،
قوماندان، ئەمەلدارلارنىڭ قىزغىنىش، كۆرەلمەسلىك ئاداۋەتلىرى قوزغىلىپ،
ياقۇپبەگكە زەربە بېرىپ ئاجىزلىتىش، بەلكى ئۇنى يىقىتىشقا ھەرىكەت قىلىشقا
باشلاپتۇ. ياقۇپبەگنىڭمۇ مۇشۇنداق تارتۇق-پىشكەشلەرنى ئېلىپ بېرىشتىكى
غەرىزى تاشكەنتنىڭ ھاكىملىقىنى قولغا كىرگۈزۈش، بەلكى تاشكەنتنىڭ ھاكىملىقى
قولغا كەلگەندىن كېيىن غايىبتىن غەلىبە ئاتا قىلغۇچى ئۇلۇغ تەڭرى
پادىشاھلىق تەختىنى قولۇمغا كىرگۈزۈشكە مۇيەسسەر قىلسا ئەجەب ئەمەس، دېگەن
ئارزۇ ئۇنىڭ دىلىغا تاشقا ئويۇلغاندەك چوڭقۇر ئورناشقانىكەن. چۈنكى ئۇلۇغ
تەڭرى ياقۇپبەگنى دەسلەپ ياراتقاندا زۇۋۇلىنى يوغان ئۈزۈپ، نىيەت ۋە
خۇي-پەيلىنى ئۈستۈن قىلغانىدى.
ئەمما ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە لەشكەر باشلىقلىرى: «ياقۇپبەگنىڭ پادىشاھلىق
ئالىي ئوردىغا ئېلىپ كەلگەن تارتۇقلىرى ئۆزى ئولجا ئالغان مال-دۇنيانىڭ
10دىن بەلكى 100دىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ يىغىۋالغان
ئولجا-غەنىيمەتلىرى ھەددى-ھېسابسىز بولۇپ، ئۇنىڭ تاشكەنتكە ھاكىم بولۇش
تەمەسى بار ئىكەن. مۇبادا خان ھەزرەتلىرى ئۇنىڭغا تاشكەنت ياكى بىرەر كاتتا
يۇرتنىڭ ھاكىملىقىنى ئىلتىپات قىلىپ بەرسە، بۇ دۆلەتنىڭ بەخت-پاراۋانلىقىنى
خاراب ۋە ۋەيران قىلىپ، تۇزكورلۇق قىلىدىغانلىقى چىرايىدىن مەلۇم بولۇپ
تۇرىدۇ»، دەپ خان ھەزرەتلىرىگە ئارقا-ئارقىدىن شىكايەت قىلىشقا باشلاپتۇ.
خان ھەزرەت بۇ تۆھمەت-ھىيلىگەرلىككە ئىشىنىپ، «ئاق مەسچىتكە بېرىپ
ياقۇپبەگنى تۇتۇپ، پۈتۈن مال-مۈلكى بىلەن قوشۇپ ئوردىغا ئېلىپ كېلىڭلار»،
دەپ 40 ئاتلىق ياساۋۇلغا پەرمان بېرىپتۇ.
ياقۇپبەگ «ئىنسان ― ياخشىلىقنىڭ قۇلى» دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق
خان ھەزرەتنىڭ قېشىدىكى خاس مەھرەملەردىن ئابدۇللاھ يۈز بېشى قاتارلىق بىر
نەچچە كىشىگە ئىنئام، ئېھسانلار بېرىپ ئوردىدا قانداق گەپ-سۆز ئۆتۈلسە
ئۆزىنى خەۋەردار قىلىپ تۇرۇشقا ۋەدە ئېلىپ ئۆزىگە رام قىلىۋالغانىكەن، بۇ
مەھرەملەر «ۋەدىگە ۋاپا قىلىڭلار» دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە بۇ يامان
خەۋەرنى ياقۇپبەگكە مەلۇم قىلىپتۇ. ياقۇپبەگ بۇ يامان خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن
كېيىن «ئوردىدىن مېھمان كېلىدۇ، سىلەر ئالدىغا بېرىپ، ئۇچرىغان يەردە
توختىتىپ قويۇپ ماڭا ئۇچۇر بېرىڭلار، ئۆزۈم ئالدىغا چىقىمەن» دەپ كىشى
تەيىنلەپ ئۈچ مەنزىل يەرگە ئالدىدىن ئەۋەتىپتۇ. بارغان ئادەملەر خان
ھەزرەتنىڭ ياساۋۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارنى توختىتىپتۇ ۋە ئۇلارغا
زىياپەت بېرىپ ھايال قىلىپ ياقۇپبەگكە ئۇچۇر بېرىپتۇ. ياقۇپبەگ قالغان
ئەمەلدار، يىگىت مەھرەملىرىگە: «قوقەندىن كەلگەن ياساۋۇللارنىڭ ئالدىغا
سىلەرمۇ بېرىڭلار، مەن يېرىم كېچىدە يولغا چىقىپ ئارقاڭلاردىن يېتىپ
بارىمەن»، دەپ ماڭدۇرۇۋېتىپ شەھەرنى خالىي قىلىپ، ئۆزى كونا خىزمەتكارى
ئالاشبەگنى ھەمراھ قىلىپ، تەڭگە-تىللا، نەق ئالتۇنلىرىنى ئېلىپ بۇخارا
شېرىپكە قاراپ يولغا چىقىپتۇ.
ئەمما ياساۋۇللار ۋە يىگىتلەر ياقۇپبەگ چىقمىدى، قانداق ھادىسە يۈز
بەردىكىن، دەپ شەھەرگە كىرسە، ياقۇپبەگدىن ھېچقانداق نىشان ۋە ئەسەر يوق.
ياساۋۇللار خان ھەزرەتنىڭ غەزەپلىرىدىن قورقۇپ ياقۇپبەگنىڭ ئارقىسىدىن سىر
دەرياسىغىچە قوغلاپ بېرىپتۇ. ياقۇپبەگ بىر نەچچە ئۆچكىنىڭ تېرىسىنى تۇلۇمچە
سويۇپ ئېلىۋالغانىكەن. تۇلۇمنى پۈدەپ ئىچىگە يەل تولدۇرۇپ، ئاغزىنى مەھكەم
ئېتىپ سۇغا تاشلاپ، ئۆزلىرى ئۈستىگە چىقىپ ئاتلىرىنى سۇ ئۈزدۈرۈپ بۇ
خەتەرلىك دەريادىن بىخەتەر، ساق-سالامەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ياساۋۇللار
ئۆتەلمەي، ئوق ئاتسا ئوق يەتمەي، ئاخىر نائۈمىد بولۇپ ئارقىسىغا يېنىپ
كېتىپتۇ. ياقۇپبەگ تىنچ-ئامان بۇخاراغا يېتىپ بېرىۋاپتۇ.
شۇ
ۋاقىتلاردا مەللەخانمۇ بۇخاراغا بېرىپ بۇخارا ئەمىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا
تۇرۇۋاتقانىكەن. مەللەخان بىلەن ياقۇپبەگ زاماننىڭ ھادىسىلىرى، دەۋرنىڭ
ئىنقىلاب ۋە ئۆزگىرىشلىرىنىڭ زىيان-زەخمەتلىرىدىن ساق-سالامەت قۇتۇلۇپ،
قوقەنگە ― پادىشاھلىق ئوردىسىغا قايتىپ بېرىپتۇ.
مۇشۇنداق ئادالەت ئورنىتىلغان، زاماندا خۇدايارخاننىڭ دۆلەت قۇياشى غەرب
تەرەپكە ئولتۇرۇپ، مەللەخاننىڭ بەخت ئاپتىپى شەرق تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈپ ئالەم
يۈزىنى يورۇتقىلى تۇردى. بۇ كۈنلەردە ياقۇپبەگكە خوجەنتنىڭ ھاكىملىقى نېسىپ
بولدى.
ياقۇپبەگ خوجەنتتە خۇشال-خورام ھالدا زاماننىڭ ئەھۋالىغا يارىشا
ھۆكۈمرانلىق سۈرۈۋاتقان چاغدا، بەزى زىددىيەتلىك كىشىلەر خانغا ياقۇپبەگنىڭ
ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ ئىشەندۈردى. خان ھەزرەت ياقۇپبەگنى ئېلىپ كېلىپ
سوراققا تارتىش مەقسىتىدە مۇلازىملارنى بۇيرۇدى. ئەمما بەخت-تەلەيلىك،
دۆلەتمەن ياقۇپبەگ خەۋەر تېپىپ ئەۋەتىلگەن مۇلازىملار خوجەنت شەھىرىگە
كىرىشى بىلەن تەڭ ئارقا ئىشىكتىن چىقىپ، دەريادىن ئۆتۈپ ئامان-ئېسەن
بۇخاراغا قېچىپ باردى. ياقۇپبەگ بولسا ئىشتا پۇختا، تۇرمۇشتا سىنالغان،
زاماننىڭ تەجرىبىلىرىدىن خەۋەردار ھوشيار كىشى ئىدى. خوجەنت شەھىرىنىڭ بىر
تەرىپى دەريا بولۇپ، ئوردا دەريانىڭ لېۋىدىكى ئېگىزلىككە جايلاشقانىدى.
ياقۇپبەگ بۇخارا تەرىپىدىكى يوللارغا ئادەم تەيىنلەپ ئاتلارنى باقتۇرۇپ
تۇرغانىدى. شۇڭا ھايال بولمايلا بۇخاراغا يېتىپ باردى. ئەمما خان ھەزرەتنىڭ
مۇازىملىرى يارلىقنى ئىجرا قىلالماي مەيۈس ۋە نائۈمىد بولۇپ قوقەن
پادىشاھلىق ئورنىغا يېتىپ بېرىپ بولغان ۋەقەنى بىر-بىرلەپ مەلۇم قىلدى. خان
ھەزرەت ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن قاقتتىق غەزەپلىنىپ بۇخارا
ھاكىمىغا خەت يېزىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى. مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
«پىسكەنتلىك ياقۇپبەگ نۇرغۇن گۇناھلارنى ئۆتكۈزۈپ بۇخاراغا قېچىپ كېتىپتۇ.
نىيىتىنىڭ يامانلىقى ھەممە شەھەرگە مەلۇم ۋە مەشھۇردۇر. ئەلۋەتتە ئۇنى
تۇتۇپ زىندانغا ھۆكۈم قىلغايلا. مەسلىھىتىم شۇكى، بۇنىڭ پىتنە-پاسات ۋە
يامانلىقىنىڭ زىيىنى بۇخارا ئەھلىگە زەرەر كەلتۈرۈشتىن ئېھتىيات قىلىشلىرى
ناھايىتى مۇھىمدۇر».
بۇخارا ھاكىمى بۇ ئىشتىن ۋاقىپ بولغاندىن كېيىن ياقۇپبەگنى تۇتۇپ زىندانغا
تاشلىدى.
ئالاشبەگ ۋە مۇھەممەد بابالار بۇ قېتىممۇ ياقۇپبەگكە ھەمراھ ئىدى. ئۇلار
ئاش-نان توشۇپ بېرىپ ياقۇپبەگدىن خەۋەر ئالدى. زىندان باققۇچىلارغا
تەڭگە-تىللا بېرىپ دوستلۇق ئالاقىسى ئورناتتى. مۇشۇ تەرىقىدە يەتتە-سەككىز
ئاي ئۆتتى.
ئۇشتۇمتۇت بۇخارا ئەمىرى شەھىرى سەبزىگە لەشكەر تارتىپ بارىدىغان بولدى.
زىنداندىكى گۇناھكارلارنىڭ گۇناھىنى ئەپۇ قىلىپ، زىنداندىن ئازاد قىلىپ
ئۇلارنى ئۆز قوشۇنىغا ياردەملەشتۈرىدىغان بولدى.
ياقۇپبەگ بۇخارانىڭ چوڭلىرىدىن بىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنىدى. شۇ چاغدا بۇ
كىشى بۇخارا ئەمىرىگە ياقۇپبەگنىڭ ياخشى سۈپەتلىرىنى، كارغا ياراملىق ئادەم
ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. بۇخارا ئەمىرى ياقۇپبەگنى ئۆز بارگاھىغا چاقىرتىپ
كېلىپ، رەڭگىرويىدىن قابىلىيىتى بارلىقىنى كۆرۈپ پانساتلىق دەرىجىسىدە
كىيىم-كېچەك، ئات-ئۇلاغ، قورال-ياراق، ئەلەم-بايراقلارنى بېرىپ ياساندۇرۇپ،
ئۇرۇشقا قاتناشتۇردى. ئۇرۇشتا ياقۇپبەگنىڭ مەردانە ۋە باتۇرلۇقى ئاشكارا
بولدى. ئۇنى ھەممەيلەن ماختاپ ئاپىرىن ئوقۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ
قەدىر-قىممىتى ۋە مەرتىۋىسى ئۆستى. ئۆزىمۇ خاتىرجەم ۋە خۇشال بولدى.
بۇ
كۈنلەردە مەللەخان تەختىدىن چۈشۈپ خۇدايارخان ئىككىنچى قېتىم قوقەننىڭ
پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغانىدى. ئەمما يۇرت سوراش، بۇيرۇق چۈشۈرۈش موللا
ئالىم قۇل قىرغىزنىڭ قولىدا ئىدى. ياقۇپبەگ ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ
«سەمەرقەنتكە بېرىپ ئۇلۇغلارنىڭ مازارلىرىنى زىيارەت قىلىپ خەتمە قۇرئان
قىلدۇرۇپ، كەمبەغەل-ئاجىزلارغا ھالىمغا يارىشا نەزىر-سەدىقىلەر بېرىپ،
ئەمىر-ھەزرەتلىرىنىڭ ھەققىدە دۇئا ئېلىپ كەلسەم»، دەپ بۇخارا ئەمىرىدىن
رۇخسەت ئېلىپ سەمەرقەنتكە كەلدى. ئىككى كۈن تۇرۇپ ئېتىنى ھاردۇق ئالدۇرۇپ،
ئۇ يەردىن قېچىپ پەرغانە ۋىلايىتىدىكى موللا ئالىم قۇلنىڭ قېشىغا كەلدى.
مۇش
چاغلاردا كۇچا بۇزۇلۇپ، راشىددىن خوجامنىڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرغانلىقىنى
شەھەر-شەھەرلەردىكى ھەممە ئادەم ئاڭلىغانىدى.
قەشقەردە سىدىقبەگ قىپچاق باش كۆتۈرۈپ نۇرغۇن قوشۇن توپلاپ، خىتاي
چېرىكلىرىنى شەھەر ئىچىگە قامال قىلغانىدى. سىدىقبەگ پەرغانىدىكى موللا
ئالىم قۇلغا: «خوجاملاردىن بىر كىشى كېلىپ دۇئا قىلىپ بەرسە، مەن كەمىنە
قەشقەرنى ئېلىپ قوقەنت پادىشاھلىقىغا ئىتائەت قىلدۇرسام»، دېگەن مەزمۇندا
ئەرز ئەۋەتكەنىدى.
بۇ
ئەرز يېتىپ بارغاندىن كېيىن موللا ئالىم قۇل بۇزرۇكخان تۆرەمنى تەيىن قىلىپ
ھەمدەم باتۇر بېشى، ئابدۇللاھ يۈز بېشى، غازى يۈز بېشى، ھېيت مۇھەممەد يۈز
بېشى، تۇراپ خوجا ياساۋۇل بېشى قاتارلىق 100دەك ئادەمنى قوشۇپ قەشقەرگە
يولغا سالدى. قوشۇن ئۇشقا كەلگەندە ئۇلارغا ئېزىز جاللات، ياقۇپ كاناي
باشلىق 150 ئادەم قوشۇلدى.
شۇ
ئارىدا بۇخارا ئەمىرىدىن موللا ئالىم قۇلغا خەت كەلدى. خەتتە:
تاشكەنتلىك ياقۇپبەگ مەللەخانغا بىھۈرمەتلىك قىلىپ قېچىپ كەلگەنىكەن، بىر
نەچچە ۋاقىت تۈرمىگە قامىدىم. لېكىن يەنە مۇساپىر ئىكەن، دەپ مەرھەمەت
قىلىپ قاماقتىن چىقىرىپ، ئىنئاملارنى بېرىپ ئۆزۈمگە يېقىن قىلدىم. ئەمدى
ماڭىمۇ ھىيلە ئىشلىتىپ قېچىپ كەتتى. سىلە تەرەپكە يېتىپ بارغان ھامان ھايال
قىلماي بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلۇرلەر. مۇبادا ئارقىغا سۈرۈپ ھايال
قىلىشسىلا، ئەمىر ھەزرەتنى غالىبىيەت قازانغۇچى لەشكەرلىرى بىلەن پەرغانە
ۋىلايىتىدە كۆرۈشىدىلا. ئاجىز بىچارە، پۇقرالار ئات ئايىغىدا قالسا،
ئۇلارنىڭ ۋابالى سىلىگە بولىدۇ. ۋەسسالام، سۆز تامام»
دېيىلگەنىدى.
موللا ئالىم قۇل بۇ خەتنى كۆرۈپ ھەيران بولدى ۋە بىر كېچىسى ياقۇپبەگ
ئالدىغا چاقىرتىپ كىرىپ بۇخارا ئەمىرىدىن كەلگەن خەتنى كۆرسىتىپ مۇنداق
دېدى: «سىزنىڭ پەرغانە ۋىلايىتىدە تۇرۇشىڭىز ياخشى ئەمەستەك قىلىدۇ. مېنىڭ
مەسلىھىتىم شۇكى، بۇزرۇكخان تۆرەمنى سىدىقبەگنىڭ ئىلتىماسى بويىچە قەشقەرگە
ئەۋەتكەنىدىم، خوجىلار يۇرتدارچىلىقنىڭ قائىدىسىنى ۋە ئەمەلدارلىق
ئىشلىرىنى بىلمەيدۇ. سىز دەرھال بۇزرۇكخان تۆرەمنىڭ ئارقىسىدىن قەشقەرگە
بېرىڭ. مەن سىزنى قوشبېگى قىلىپ بەلگىلىدىم»، دەپ ياقۇپبەگنى قەشقەرگە
ماڭدۇردى ھەم بۇزرۇكخان تۆرەمگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ خەت يېزىپ بەردى.
ياقۇپبەگ داۋاننىڭ ئۈستىدە بۇزرۇكخان تۆرەمگە يېتىشىپ بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن
ئۇچراشتى. بۇزرۇكخان تۆرەم ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ ھەممە يىگىتلەرنى
قوشبېگىنىڭ قوماندانلىقىغا تاپشۇردى.
بۇزرۇكخان تۆرەم تۆرىلىك دەرىجىسىدە، قوشبېگى خىزمەتكار ئورنىدا تۇرۇپ
مەنزىلمۇ مەنزىل يول يۈرۈپ قەشقەرگە يېتىپ كەلدى. بۇ تارىخىي ھىجرىيىنىڭ
1281- يىلى جەددى پەسلى ئىدى.
سىدىقبەگ قىپچاق قوقەن خانلىقىغا خەت ئەۋەتكەنلىكىگە پۇشايمان قىلىپ، خاپا
ۋە كۆڭلى غەش بولغان ھالەتتە بۇزرۇكخان تۆرەمنىڭ ئالدىغا كىشى چىقاردى.
نائىلاج ئۆزىمۇ ئالدىغا چىقىپ كۆرۈشتى. قەشقەر خەلقى گۇرۇھ-گۇرۇھ، توپ-توپ
بولۇپ، تۆرەمنىڭ ئىستىقبالىغا چىقىپ زىيارەت قىلىپ، خوشال-خورام شەھەرگە
باشلاپ كىرىپ، سىدىقبەگنىڭ ئوردىسىغا چۈشۈردى.
مۇشۇ
چاغلاردا قەشقەر خەلقى ئىچىدىكى تۆرەملەرگە ئىخلاس قىلىدىغانلاردىن بىرى
«تۆرەملەر كەلدى. قىپچاقلارنى ئۇرۇپ شەھەردىن قوغلاپ چىقىرايلى!» دەپ
ۋارقىرىدى. بۇنىڭ بىلەن خەلق ئىچىدىكى ئالامانلار قىرغىز، قىپچاقلارنى
تاياق-توقماقلار بىلەن ئۇرغىلى تۇردى. قىرغىز، قىپچاقلار قاچتى. سىدىقبەگمۇ
تۇرالماي ئۆزىنى چەتكە ئالدى ۋە ئۆز يۇرتى پاراشقا بېرىپ 6 ― 7 مىڭ
ئادەمنى يىغىپ ئۇرۇشقا تەييارلاندى. ياقۇپبەگ قوشبېگى ئۆز يىگىتلىرىنى
ئېلىپ چىقىپ ئۇرۇشقا كىرىشتى. تۆرەملەرگە ئىخلاس قىلىدىغان بىر مۇنچە
ئادەملەرمۇ بۇزرۇكخان تەرەپ بولۇپ ئۇرۇشقا قاتناشتى. ئاقىۋەتتە قىپچاقلار
مەغلۇب بولدى. تۆرەم ۋە ياقۇپبەگلەر غالىب بولۇپ، نۇرغۇن مال-مۈلۈكنى
غەنىيمەت ئېلىپ غەلىبە-تەنتەنە بىلەن ئۆز ئورۇنلىرىغا قايتىپ كەلدى.
ياقۇپبەگ قوشبېگى بۇزرۇكخان تۆرەمنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچقانداق بىر ئىشنى
قىلمىدى. بۇزرۇكخان تۆرەم بولسا كاتتا ئوردىنى ئۆزىنىڭ ئارام ئالىدىغان
ئورنى قىلىپ، كېچە-كۈندۈز نەغمە-ناۋا، ئويۇن-كۈلكىنى دوست تۇتۇپ،
خۇشال-خورام، كەڭ-كۇشادە، بىغەملىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.
ئەل-يۇرتنىڭ ئەھۋالى، ھاكىمىيەتنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى يادىغا كەلتۈرمىدى.
ياقۇپبەگ قوشبېگى بولسا ئۆمەر ھاكىمبەگ مەدرىسىنى ئۆزىنىڭ تۇرىدىغان جايى
قىلىپ، ھارماي-تالماي يىگىت (لەشكەر) توپلاش ۋە تەربىيىلەشنىڭ ھەرىكىتى
بىلەن، قورال-ياراق تەييارلاشنىڭ تەرەددۇتى بىلەن بولۇپ، ئاش-تاماقنى ۋە
ئۇخلاش، ئارام ئېلىشنى يادىغا كەلتۈرمىدى. سىدىقبەگدىن قالغان خەزىنىلەرنى
ۋە يۇرت خەلقىدىن ئالغان غەللە-پاراقنى يىگىتلەرنى تەربىيىلەش، قورال-ياراق
ھازىرلاشقا سەرپ قىلدى. يەرلىك بايلار ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن
سودىگەرلەردىن خالىغان-خالىمىغىنىغا قارىماي، پۇل، يامبۇ-كۈمۈش، ئۆسۈمسىز
قەرز ئېلىپ يىگىت تەييارلاشتىن باشقا ئىشنى ئېسىگە كەلتۈرمىدى.
بۇ
چاغلاردا يەكەندىكى نىياز ئىشىكئاغا بەگ يەكەننىڭ بىر نەچچە كاتتىلىرى
نامىدىن قوشبېگىگە مۇنداق ئەرز خەت ئەۋەتكەنىدى:
«يەكەن خوجىلار بىلەن تۇڭگانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش، جېدەل-ماجىرا
ئىچىدە قېلىپ جاپا تارتىۋاتىدۇ. ئۆزلىرى 4 ― 5 يۈز ئادەم بىلەن كەلسىلە،
يەكەننى دەرھاللا قولغا كىرگۈزگىلى بولاتتى».
بۇ
خام-خىيال بىلەن قىلىنغان مۆلچەر ئىدى. ياقۇپبەگ قوشبېگى ئىشنى سەل چاغلاپ
يەكەنگە باردى. خوجىلار بىلەن تۇڭگانلار ئىتتىپاقلىشىپ قارشىلىق كۆرسەتتى.
ئوتتۇرىدا نۇرغۇن جەڭ-جېدەل، ئۇرۇش-ماجىرالار بولۇپ، ئاخىرىدا ياقۇپبەگ
قوشبېگى بەرداشلىق بېرەلمەي، چېدىر-بارگاھلىرىنى تاشلاپ، جېنىنى ئېلىپ
قەشقەرگە قېچىپ كەلدى. قوشبېگىنىڭ ھەممە تەئەللۇقلىرى ھامىددىن خوجامنىڭ
قولىغا چۈشۈپ كەتتى.
ئەسلىدە نىياز ئىشىكئاغابەگنىڭ ھىيلىگەر، يالغانچىلىقىنى ھامىددىن خوجام
سېزىپ قېلىپ سالامغا كەلگەن بىر كۈنى تۇتۇپ يالىڭاچلاپ باغلاپ قويغانىدى ۋە
سوراق سوراپ ئىقرار قىلدۇرۇپ گۇناھلىرىنى گەدىنىگە قويۇپ ئۆلتۈرمەكچى
بولغاندا، ھامىددىن خوجامنىڭ دادىسى خېتىپ خوجام خەۋەر تېپىپ ئاجرىتىپ
ئالغانىدى. ئۇنىڭ رىزقى-نېسىۋىسى تۈگىمىگەنىكەن. شۇڭا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ
قالغانىدى. شۇ سەۋەبتىن ئاچچىقىدا ياقۇپبەگ قوشبېگىگە خەت ئەۋەتكەنىكەن.
ئەمما بۇ ئۇرۇشتا قوشبېگى مەغلۇپ بولۇپ قاچتى. نىياز ئىشىكئاغا بۇنىڭدىن
خىجالەت بولۇپ قوشبېگىنىڭ ئارقىسىدىن يېتىپ بېرىپ نۇرغۇن ئۆزرە ئېيتىپ يەنە
يەكەنگە قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن خوجاملار خەۋەرسىز قالدى.
بۇزرۇكخان تۆرەم مۇشۇ كۈنلەردە ئېزىزبەگ جاللاتنى يېڭىسارنى قامال قىلىپ
بويسۇندۇرۇشقا ئەۋەتكەنىدى. ئېزىزبەگ جاللاتتىن: «يېڭىسار شەھىرىنىڭ پەتھ
قىلىنىشىغا ئاز قالدى، پەقەت بۇزرۇكخان تۆرەم باشلىق ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ قەدەم
تەشرىپ قىلىشىغا قاراپ قالدۇق»، دېگەن مەزمۇندا خەت كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن
بۇزرۇكخان تۆرەم ۋە قوشبېگى باشلىق چوڭلار يېڭىسارغا باردى. ئېزىز بەگنىڭ
ئادەملىرى لەخمە كولاپ پارتلاتقۇچ دورىلارنى تەييارلاپ قويغانىكەن. ئۇلار
پارتلاتقۇچقا ئوت يېقىشى بىلەن تەڭ دورا ئۇشتۇمتۇت پارتلاپ شەھەرنىڭ سېپىل،
پوتەيلىرىنى ھاۋاغا ئۇچۇردى. غەلىبە قازانغۇچى قوشۇن بىردەك شەھەرگە قاراپ
يۈگۈردى. دورىنىڭ پارتلىشىدىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن سېپىل، پوتەيلەرنىڭ
توپىلىرى يېنىپ چۈشۈپ خىتاي چېرىكلىرى ۋە يەرلىك ئاھالىدىن بولۇپ 1000دىن
ئارتۇق كىشىنى نابۇت قىلدى. بەزىلىرىنى توپىنىڭ ئاستىدىن ئېچىپ قۇتۇلدۇردى.
شۇنداق قىلىپ يېڭىسار شەھىرى پەتھ قىلىندى. خىتاي چېرىكلىرىنىڭ تولىسى
ھالاك بولدى. ئازراقى مۇسۇلمان بولدى، دوستلار خۇشال-خورام، دۈشمەنلەر
ھەسرەت بىلەن غەمگە چۆمدى. غالىب قوشۇن ئولجا-غەنىمەتلەرگە ئىگە بولدى.
بۇ
غەلىبە خۇشاللىقىنى موللا ئالىم قۇلغا خەۋەر قىلىش زۆرۈر دەپ قارالدى.
شۇڭلاشقا بۇزرۇكخان تۆرەم بىر توققۇز خىتاي زەمبىرىكى، بىر توققۇز نازىنىن
باكىرە قىز ، بىر توققۇز بەرنا ئوغۇل ، بىر قانچە تاختا ئېسىل پۇراقلىق
چاي، توققۇز-توققۇز بېيجىڭ يامبۇسى، توققۇز-توققۇز قالماق ئېتى قاتارلىق
تارتۇق، پىشكەشلەرنى راسلاپ ئىشەنچلىك مۇلازىم، خىزمەتچىلەر ئارقىلىق
قوقەنگە ئەۋەتتى. بۇ تارتۇق-پىشكەشلەر ياخشى سائەت، قۇتلۇق ۋاقىتلاردا
يېتىپ بېرىپ، موللا ئالىم قۇلنىڭ نەزەر-ئېتىبارىغا ئېرىشىپ خۇرسەن قىلدى.
ئۇ مىننەتدارلىق يۈزىسىدىن تارتۇق-پىشكەشلەرنى ئېلىپ بارغان مۇلازىم،
خىزمەتچىلەرگە تون-سەرۇپاي، خىراجىتى ئۈچۈن تىللا ئىنئام قىلدى. بۇزرۇكخان
تۆرەمنى خانلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئالتۇندىن ياسالغان تاج، ئالتۇندىن ھەل
بېرىلگەن ئېگەر-جابدۇقلار بىلەن جابدۇلغان توققۇز ئېسىل ئارغىماق ئات،
ئىككى نەپەر شاتۇر ، توققۇز بوخچا مەخسۇس تەييارلانغان تون، ئالتۇن-كۈمۈش
يالىتىپ ياسالغان توققۇز مىلتىق قاتارلىق پىشكەشلەرنى ئىنئام قىلىپ
ھەددىدىن تاشقىرى ئىلتىپاتلارنى ئىزھار قىلدى. بۇ سوۋغا-سالاملارمۇ ياخشى
كۈن، قۇتلۇق سائەتتە يېتىپ كەلدى. بۇزرۇكخان تۆرەم پادىشاھلىق تاجىنى
كىيىپ، ئېسىل ئارغىماق ئاتقا مىندى. چوڭ-كىچىك ھەممە خالايىق كېلىپ ئۇنى
مۇبارەكلىدى. تەبرىكلەش، داغدۇغا سادالىرى پەلەككە كۆتۈرۈلدى. بۇزرۇكخان
تۆرەم بۇرۇن ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ رەسىم-قائىدىلىرى بويىچە پادىشاھلىق
تەختىدە ئولتۇردى. ئاتۇشلۇق مەھمۇتخاننى شاغاۋۇل قىلدى. ھۇدەيچى،
پەرۋانىچى، سالام ئاغىسى، ئىشىكئاغىسى قاتارلىق مەنسەپلەرگىمۇ ئۆز لايىقىدا
كىشىلەرنى تەيىن قىلدى. ئۇلۇغ تەڭرىم ئىككىلا ئالەمنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھەققى
ھۈرمىتىدىن، دۆلەت قۇياشىنىڭ نۇرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا چاچقايسەن.
ئامىن!
2
جانابىي بۇزرۇكخان تۆرەمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كۇچالىق خوجاملارنى
بويسۇندۇرغانلىقى؛ پەرغانە ۋىلايىتىدىن چوڭلارنىڭ قېچىپ كەلگەنلىكى؛
ياقۇپبەگ قوشبېگىنىڭ ئەھۋالى ۋە قىپچاقلارنىڭ ۋەقەلىرى
پەيغەمبەر ئەۋلادىدىن بولغان جاھانگىرخان تۆرەمنىڭ ئوغلى بۇزرۇكخان تۆرەم
ئۆزى پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، قەشقەر ۋە يېڭىسارلارنىڭ ھاكىملىقىغا
مۇناسىپ ئادەملەرنى تەيىنلىدى. ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىغا لايىقىدا
تون-سەرۇپاي، قورال-ياراق، تۇغ-ئەلەملەرنى بېرىپ، سېخىيلىق بىلەن
پادىشاھلارچە ئىلتىپات كۆرسىتىپ خاتىرجەم بولدى. پاراكەندە زامانلار
تىنچلىنىپ، تەرتىپ-ئىنتىزام جارى بولدى. ياقۇپبەگ قوشبېگى لەشكەر
تەييارلاشنىڭ كويىغا چۈشۈپ، بۇزرۇكخان تۆرەمگە ئىلتىماس قىلدى. بۇزرۇكخان
تۆرەم پۇقرالارغا جەبىر-زۇلۇم بولارمىكىن، دەپ ئانچە ماقۇل كۆرمىدى.
قوشبېگى بۇنىڭدىن خاپا بولۇپ، كۈندىلىك ئادىتىگە قارشى ئەتىگەنلىكى
سالامغىمۇ كەلمىدى. بىر نەچچە كۈن ئۆتتى. قوشبېگى خاپا بولۇپ، «كېتىمەن»
دەپ مېڭىشقا تەمشەلدى. بۇزرۇكخان تۆرەم ئاڭلاپ ياندۇرۇپ كەلدى. بۇ چاغدا
مۇغال، تېرىملىق مۇقەررەپ شاھبەگ، غازى يۈز بېشى، ئېزىز جاللات، موللا
ئىبراھىم قاتارلىق تۆت كىشى: «قوشبېگىنىڭ ئەلپازى باشقىچە تۇرىدۇ. بۇ دۆلەت
ئالىينى ئاياغ ئاستى قىلىپ، ئۆزى يالغۇز ھۆكۈمرانلىق قىلىش غەرىزى بار.
بىزگە يارلىق چۈشۈرۈلسە، بىز كەمىنە قۇللىرى قوشبېگىنىڭ بېشىنى كېسىپ كېلىپ
مۇبارەك ئاياغلىرىنىڭ ئاستىغا تاشلىساق» دەپ ئەرز قىلىشتى. ئەمما بۇزرۇكخان
تۆرەم: «سەۋر قىلىڭلار، بىزنىڭ ئۆزئارا ۋەدىلىرىمىز بار ئىدى» دېدى.
بىر
مەھرەم بۇ سىرنى بىلىپ قېلىپ ياقۇپبەگنى خەۋەردار قىلدى. قوشبېگى پۇرسەت
تېپىپ بۇ ئىغۋاگەرچىلەرنى (يۇقىرىدىكى تۆت ئادەمنى) تۇتۇپ ئەدىپىنى
بەرمەكچى بولۇۋاتقاندا، بۇزرۇكخان تۆرەم كېلىپ:
―
بۇلارنىڭ ئورنىغا نېمە قىلسىلا مېنى قىلسىلا، ― دەپ ئۇلارنىڭ گۇناھىنى
تىلىدى. قوشبېگى ماقۇل كۆرۈپ بۇ تۆت ئادەمنى قاماققا بۇيرۇدى. ئۇلار قىلغان
ئىشىغا پۇشايمان قىلىپ مۇنداق ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىققا توۋا قىلغاندىن
كېيىن ياقۇپبەگ مەرھەمەت قىلىپ ئۇلارنى تۈرمىدىن ئازاد قىلدى.
مۇقەررەب شاھبەگ ئۆز يۇرتىغا قېچىپ بېرىپ 1000دەك ئادەمنى توپلاپ جەڭ
تەييارلىقىغا كىرىشتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بۇزرۇكخان تۆرەم ۋە ياقۇپبەگ
قوشبېگىلەر ئۇنىڭ ئۈستىگە بېرىپ تالان-تاراج قىلىپ ياندى. مۇقەررەب شاھبەگ
تەڭ كېلەلمەي قېچىپ بېرىپ كۇچالىق خوجاملارنىڭ ھىمايىسىگە كىردى. كۇچالىق
خوجاملار مۇقەررەب شاھبەگنىڭ كەلگەنلىكىنى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى، ياخشى پال
دەپ پەخىرلىنىپ، مۇقەررەب شاھبەگنى ئۆزلىرىگە يېقىن قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ
ياقۇپبەگ قوشبېگى بىلەن ئۇرۇش قىلىش نىيەتلىرى يېڭىباشتىن قوزغالدى.
كۇچالىق خوجاملار نۇرغۇن ئىنتىزامسىز، پاراكەندە لەشكەرلىرى بىلەن
خانئېرىققا بېسىپ كەلگەنىدى. بۇ ۋەقەلەرنى باشتا بايان قىلغانىدۇق. يەنە
تەكرار بايان قىلىنسا، ئوقۇغۇچىلارغا مالاللىق يەتكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن.
ياقۇپبەگ قوشبېگى خوجىلارنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا تەلەپ
ۋە ئىلتىجا قىلىپ: «ئالەمنىڭ پۈتۈن مەخپىي سىرلىرىنى بىلگۈچى ئۇلۇغ خۇدا،
مەن كەمىنەنىڭ كۆڭلىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرى سېنىڭ دەرگاھىڭغا ئاشكارا. ئەگەر
ھەقىقەت خوجىلار تەرەپتە بولسا ئۇلارغا پەتھ نۇسرەت ئاتا قىلغايسەن. ئەگەر
ھەقىقەت بۇ بەندەڭنىڭ تەرىپىدە بولسا، زېمىن ئۈستىدىكى بارلىق پاك
ئەرۋاھلار، ئاسماندىكى پەرىشتىلەر بەلكى پۈتۈن ئىنسان، جىن دىۋە، پىرىلەرنى
ماڭا مەدەت ۋە ياردەم بېرىدىغان قىلغايسەن»، دەپ مۇناجات قىلدى. ئۇلۇغ
خۇدانىڭ زەپەر نۇسرەت ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ لەشكەر تەييارلاپ،
بۇزرۇكخان تۆرەمنى باش قىلىپ جەڭگە ئاتلاندى. ئەمما لەشكەرلىرى 2000 كىشىگە
يەتمىگەنىدى. مۇشۇ چاغدا كۇلاپ ھاكىمى ھەمراخان 200 لەشكەر بىلەن كېلىپ
قوشۇلدى. بۇنى ياقۇپبەگ قوشبېگى ئۆزى ئۈچۈن ياىشى پال، دەپ ھېسابلاپ خۇرسەن
بولدى. شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلىرىنىڭ سانى 1600 بولدى. خوجىلارنىڭ لەشكەرلىرى
بولسا ھەددى-ھېسابسىز كۆپ ئىدى.
شۇنداق قىلىپ ئىككى تەرەپ لەشكەرلىرى ئۆزئارا جەڭگە كىرىشتى. كۇچا
لەشكەرلىرى غالىب كېلىپ نەچچە قېتىم ياقۇپبەگ قوشبېگىنىڭ لەشكەرلىرىنى
ئارقىغا چېكىندۈردى. ئابدۇللاھ پانسات، غازى پانساتلار كۇچا لەشكەرلىرىنىڭ
بىر قانىتىنى چېكىندۈردى. بىر نەچچە باتۇرلار غەيرەت قىلىپ كۇچا
لەشكەلىرىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا ھۇجۇم قىلدى. قاتتىق جەڭ بولدى. نۇرغۇن
لەشكەرلەر چىقىم بولدى. قوشبېگىنىڭ يوتىسىغا ئوق تېگىپ جاراھەتلىنىپ
بىئارام بولدى. ئۇ ئابدۇللاھ پانساتقا قاراپ: «مەن ئات ئۈستىدە
ئولتۇرالمايدىغان بولدۇم» دەپ ئېغىز ئېچىشىغا ئابدۇللاھ پانسات: «ۋاي
نامەرد، مۇشۇ چاغدا شۇنداق سۆزنى قىلامسەن. بىز كىم ئۈچۈن جان بېرىپ، جان
ئېلىۋاتىمىز؟ قايسى پادىشاھ، قايسى ئۇلۇغ جەڭگە ئۆزى كىرمىگەن؟ نېمە
بولساڭمۇ ئاتتىن چۈشىمەن دېمىگىن»، دەپ قوشبېگىگە ناھايىتى كۆيۈنگەنلىكى ۋە
دۆلەتكە خەيرخاھلىق كۆرسەتكەنلىكىدىن بىر مۇنچە قوپال گەپلەر بىلەن دەشنام
بېرىپ ئۆزى جەڭگە كىرىپ كەتتى. دەل مۇشۇ چاغدا ئۇشتۇمتۇت ياقۇپبەگ قوشبېگى
تەرىپىدىن غەلىبە شامىلى نامايان بولدى. كۇچا لەشكەرلىرى ئارقىسىغا قاراپ
قاچتى. قوشبېگىنىڭ لەشكەرلىرى بىر-ئىككى تاش يەرگىچە ئارقىسىدىن قوغلاپ
بېرىپ، ئولجا، ئەسىرلەرنى ئېلىپ قايتىپ كەلدى.
پارچە
گەر
گاداي ۋە شاھقا كەلسە قازادىن چارە يوق،
تارتماي بولماس، ئىلاج-دەفئىغە ئانىڭ چارە يوق.
سەختلىكنى ئەھلى-دۇنياغا مۇقەررەر قىلدىلەر،
بېشىغا كەلسە بىناگاھ سەبرى قىلماي چارە يوق .
نەزم
لەشكىرى پاراكەندەدىن ئىش كەلمىگەي،
ئىككى يۈز مەردانە جەڭچى ياخشىراق يۈزمىڭدىن .
كۇچالىق خوجاملارنىڭ لەشكەرلىرى قاتارىدا 12 مىڭچە تۇڭگان بار بولۇپ،
توپ-زەمبىرەكلەرنى شۇلارنىڭ قولىدا ئىدى. بۇلار توپلىشىۋېلىپ توپ-زەمبىرەك
ئېتىپ قاچماي تۇردى. قوشبېگى ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ نۇرغۇن ۋەدىلەرنى
بەرگەندىن كېيىن ئۇلار ئۆزئارا ئەپلىشىپ قېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ
تۇڭگانلارنى قەشقەرگە بىللە ئېلىپ قايتتى ۋە نۇرغۇن توپ-زەمبىرەك،
قورال-ياراق، ئالتۇن-كۈمۈش قاتارلىق ھەددى-ھېسابسىز ئولجا-غەنىمەتلەرگە
ئىگە بولدى. بۇ ۋەقە تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1282- يىلى جامادىيەلئاخىرنىڭ 20-
كۈنى يۈز بەرگەنىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن تەجرىبىلىك ئۇستا بىر جەرراھنى تېپىپ كېلىپ ياقۇپبەگ
قوشبېگىنىڭ يوتىسىغا تۇرۇپ قالغان ئوقنى ئۇستىرا بىلەن يېرىپ ئالدى. بۇنى
ئۆز كۆزى بىلەن گۆرگۈچىلەر شۇنداق دېيىشىدۇ: قوشبېگى يوتىسىنى جەرراھ تىغ
بىلەن يېرىپ ئوقنى ئېلىۋاتقاندا، ئالدىغا بىر مىرزىنى چاقىرتىپ كېلىپ
بۇيرۇقنامە ئېيتىپ بېرىپ تۇرۇپتۇ. مىرزا قوشبېگى ئېيتىپ بەرگەن
بۇيرۇقنامىنى يېزىپ تۇرۇپتۇ. دېمەك قوشبېگى پەرۋايىغا ئالماپتۇ، رەڭگىمۇ
ئۆزگەرمەپتۇ. مانا بۇنىڭدىن قوشبېگىنىڭ غەيرەتلىك، جۈرئەتلىك ۋە چىداملىق
ئىكەنلىكىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.
بۇزرۇكخان تۆرەم ۋە قوشبېگىلەر غەلىبە ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن
ھاكىمىيەتنىڭ پايتەختى بولغان قەشقەرگە قايتىپ كەلدى. مۇلايىم سۆز، تاتلىق
گەپلەر بىلەن تۇڭگانلارنى ئۆزلىرىگە رام قىلىپ، جەڭ-جېدەل قىلمايلا
تۇڭگانلارنىڭ قولىدىكى توپ-زەمبىرەك، قورال-ياراقلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ،
ئۇلارغا ئۆز لايىقىدا تون-سەرۇپاي، سەللە-كۇلا، پۇل ۋە تىللالارنى ئىنئام
قىلىپ، ۋەدە، ئەھدى-پەيمانلار بىلەن كۆڭۈللىرىنى تىندۇرۇپ، خەۋپ-ئەندىشىدىن
خاتىرجەم قىلدى.
بۇ
چاغدا قەشقەرنىڭ خىتاي شەھىرى پەتھ قىلىنمىغانىدى. ئۇ يەرنى بىر مۇنچە
ئەسكەرلەر 13 ئايدىن بېرى قامال قىلىپ تۇرغانىدى. ئۇلارنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكلىرى
تۈگەپ، ئاچلىقنىڭ دەردىدىن ياشلىرى قېرىلىرىنى، چوڭلىرى كىچىكلىرىنى، ھەتتا
ئىت-مۈشۈكلىرىنى ئۆلتۈرۈپ يەپ تۈگىتىپ، ھايات قالغانلىرى خۇددى قۇرۇق
پانۇسقا ئوخشىشىپ قالغانىدى. شۇڭا جانلىرىغا رازى بولۇپ، دەرۋازىنى
ئېچىۋېتىپ، ئىمان ئېيتقانغا ئوخشاش بىر نېمىلەرنى دەپ يىغلىشىپ تۇردى.
بەخت-تەلەيلىك پادىشاھ بۇزرۇكخان تۆرەم بۇ خىتايلار گۇرۇھىغا رەھىم-شەپقەت
قىلىپ، ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلغانىدى، خىتايلارنىڭ
ھەممىسى ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمانلىق شەرىپىگە ئىگە بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن
ھەممىسىگە ئۆز لايىقىدا ئىنئام-ئېھسانلارنى بېرىپ خاتىرجەم قىلدى.
خىتايلارنىڭ خۇ دالويە دېگەن بىر چوڭى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ناھايىتى گۈزەل،
كېلىشكەن ياتلىق بولمىغان بىر قىزى بار ئىدى. بۇ قىزنى ياقۇپبەگ قوشبېگى
ئۆز ئەمرىگە (خوتۇنلۇققا) ئالدى. خۇ دالويىنى ھەممە خىتايلارغا باشلىق
قىلىپ، قالغانلىرىنى خۇدالويىغا تاپشۇردى ۋە ئۇلارغا نۇرغۇن مەرھەمەت،
ئىلتىپات بىلەن ئىنئاملارنى بېرىپ ئۇلارنى رازى قىلدى.
نەزم
شاھ
ئەگەر بەخشەندە بولسا مۇلك ئالۇر،
بىرنى گەر بەرسە ئەگەر مىڭنى ئالۇر .
قەشقەر شەھىرى پەتھ قىلىنىپ تېخى ھەپتە ئۆتمىگەنىدى. موللا ئالىم قۇل
تاشكەنتنىڭ يۇقىرىسىدىكى مىڭ ئۆرۈك دېگەن جايدا ئورۇسلار بىلەن
سوقۇشۇۋاتقان چېغىدا ئوق تېگىپ ۋاپات بولدى. لەشكەرلىرى قوقەنگە
خۇدايارخاننىڭ ئالدىغا بېرىشقا يول تاپالماي چېچىلاڭغۇ ھالەتتە قەشقەرگە
قاراپ يولغا چىقىشتى. چۈنكى لەشكەر باشلىقلىرى خۇدايارخاندىن يۈز ئۆرۈپ
موللا ئالىم قۇلغا ئەگەشكەنىدى. شۇ سەۋەبتىن نائىلاج ھەر قايسى گۇرۇھ بىر
تەرەپكە قاراپ يولغا چىقىپ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ غېمىگە چۈشتى. بۇ ۋەقە
بۇزرۇكخان تۆرەم قەشقەرگە كېلىپ يەتتە ئاي ۋاقىت ئۆتكەندە يۈز بەردى.
جۈملىدىن كاتتا خان تۆرەم، كىچىك خان تۆرەم، ۋەلىخان تۆرەم، ھېكىمخان
تۆرەم، ئىسرائىلخان تۆرەم ۋە مىرزا ئەھمەد قوشبېگى، مۇھەممەد نەزەر
قوشبېگى، قادىر قۇلىبەگ، ئۆمەر قۇلى باتۇر بېشى، تۇردى قۇل دادخاھ، بەگ
مۇھەممەد قۇرچى، تاشباي دادخاھ، ئەۋغان جامادار دادخاھ، خەيرى مۇھەممەد
دادخاھ، توپچى دار قاتارلىق بىر مۇنچە مەشھۇر باتۇرلار، تەجرىبىلىك
سەركەردىلەر باشلىق 7000دەك قەھرىمان لەشكەرلەر قوشۇلۇپ قەشقەر ۋىلايىتىگە
يېتىپ كېلىشتى. بۇزرۇكخان تۆرەم ۋە قوشبېگىلەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ: «ئەگەر
ئىتائەت قىلىپ بۇيرۇقىمىزغا بويسۇنۇش غەرىزى بىلەن كەلگەن بولسا، بىزگە
ئۇچۇرىنى بېرىۋېتىپ ئالدىدا يول باشلاپ ئېلىپ كېلىڭىلار. مۇبادا باشقا
نىيىتى بولسا ئالدىنى توسۇپ ئۆتكۈزمەي ئۇرۇش قىلىڭلار ۋە بىزنى خەۋەردار
قىلىڭلار، بىز بېرىپ مەدەت ۋە ياردەم بېرىمىز»، دەپ ئىككى پانساتنى قول
ئاستىدىكى لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. بۇلار قىزىلسۇ
دەرياسىنىڭ بويىدا ئۇچراشتى. كاتتاخان تۆرەم ۋە مىرئەھمەت قوشبېگىلەر
ئېيتتىكى: «يۇرتىمىزنى ئورۇسلار بېسىۋالدى. جېنىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىش ھەم
ئىسلام ئېچىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق. خىزمەتكە سالساڭلار كۈچىمىزگە
لايىق خىزمەت قىلىمىز، خىزمەتكە سالمىساڭلار بىر ئامال قىلىپ كۈن
ئۆتكۈزەرمىز. سىلەردىن پاناھ تىلەپ كەلدۇق»، دەپ ئۆزلىرنىڭ نۇرغۇن
ۋەدە-قارارلىرىنى سۆزلىدى. پانساتلار ھوشيارلىقلىرىنى ئۆستۈرۈپ دەرھال
بۇزرۇكخان تۆرەمگە ئۇچۇر بېرىۋېتىپ، ئۆزلىرى يول باشلاپ ئېلىپ كېلىپ،
ئۇلارنى ئۇچراشتۇردى. ئۆزئارا نۇرغۇن ۋەدىلەر قىلىشتى. بۇزرۇكخان تۆرەم
ھەممىسىگە ئۆز لايىقىدا تون، سەللە-كۇلالارنى ئىنئام قىلىپ خۇرسەن قىلدى.
لېكىن ۋەلىخان تۆرەم شەھەرگە كىرگەندىن كېيىنلا ھېچقانداق تارتىنماي:
«زامان-زامان، ۋەلىخان تۆرەمنىڭ زامانلىرى» دەپ كوچا-بازارلاردا جار
سالدۇرۇپ شادىيانىگە ناغرا-سۇناي چالدۇردى. بۇ ئىشتىن ياقۇپبەگ قوشبېگى
خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئىككى پانساتنى يىگىتلىرى بىلەن ئەۋەتىپ ۋەلىخان
تۆرەمنى بارگاھلىرىغا ئەكەلدۈرۈپ ئەيىبلەپ: «بىز بۇ يەردە خىتاي
شەھەرلىرىنى پەتھ قىلالماي قانچىلىك رەنج-مۇشەققەتلەرنى چېكىپ، نېمە
ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز. سىز بەش-ئون باشباشتاق ئادەملەرنى تېپىپ كېلىپ،
ئۆزىڭىزچە يۇرتقا ئىگە بولۇشنى ھەۋەس قىپسىز. سىز بۇرۇن قەشقەرگە كېلىپ
قامال قىلىپ شەھەرنى ئالالماي، مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئادەم كاللىسىدىن
مۇنارلارنى تۇرغۇزۇپ ناھەق قان تۆكۈپ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ جېنىغا زامىن
بولۇپ قېچىپ كەتكەنىڭىز. ئەمدى خىتايلار بىلەن ئۇرۇشۇپ نۇرغۇن
جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتىۋاتقان ۋاقتىمىزدا ‹مەن نېمە ئادەم› دېمەي،
شەھەرنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋېلىشنى قەستلەپسىز» دېگەندەك نۇرغۇن قوپال، يامان
گەپلەرنى قىلدى ۋە غەزەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ ۋەلىخان تۆرەمنى چاپقىلى خەنجەرنى
كۆتۈرگەندە، كاتتاخان تۆرەم باشلىق ھەممە چوڭ باشلىقلار ھازىر بولۇپ
خەنجەرنى تۇتۇۋېلىپ ۋەلىخاننىڭ گۇناھىنى تىلىۋالدى. ئەمما ئىككى ناغرىچى،
ئۈچ مۇلازىمنى ئۆلتۈرگۈزدى. ۋەلىخان تۆرەمنى يېڭىسارغا ئەۋەتتى. كېيىن نېمە
بولغىنىنى ھېچ كىشى بىلمىدى.
گەپنىڭ قىسقىسى، خانئېرىقتىكى جەڭدە كۇچالىق خوجاملار زەربە يەپ قېچىپ
كەتتى. يەكەنگە باشچىلىق قىلىۋاتقان خوجاملارمۇ قورقۇپ يەكەندە تۇرالماي،
يەكەننى قەشقەرگە قوشۇپ بېرىپ ئۆزلىرى كۇچاغا قېچىپ كەتتى.
ياخشى ئىشلارنى قىلغۇچى، بەخت-سائادەت يار بولغۇچىنىڭ دۆلىتىنى تاماشا
قىلماق كېرەككى، ئۇ بىر ئوقتا ئىككى ئۋونى ئاتتى. بىر زەربىدە ئىككى
شەھەرنى قولغا كىرگۈزدى، ھاكىم ۋە ھۆكۈمران بولدى.
يەكەننىڭ بوش قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ياقۇپبەگ قوشبېگى بۇزرۇكخان تۆرەم باشلىق
تۆرەملەرنى ئېلىپ يەكەنگە راۋان بولدى.
يەكەندىكى تۇڭگانلار ئىتائەت قىلماي شەھەرگە كىرىۋېلىپ دەرۋازىلىرىنى
ئاچمىدى. تۆرەم باشلىق ھەممە قوشۇن يەكەن شەھىرىنى قامال قىلىپ تۇرغان
چاغدا، بەگ مۇھەممەد قۇرچى باشلىق بىرمۇنچە قىپچاقلار ئۆزئارا تىل
بىرىكتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقتىن يۈز ئۆرۈپ، پىتنە-پاسات، ئىغۋالارنى پەيدا
قىلدى. بۇزرۇكخان تۆرەمنى ئازدۇرۇپ ئۇنى قورال-ياراقسىز بىر كېچىدىلا ئېلىپ
قېچىپ قەشقەر يېڭى شەھەرگە كىرىۋېلىپ دۈشمەنلىك دۇمبىقىنى چالدى. قوشبېگى
بۇ پىتنە-پاسات خەۋىرىنى ئاڭلاپ كاتتاخان تۆرەم ۋە جامەدار دادخاھنى
قەشقەرگە ئەۋەتتى. بۇلار قايتىپ كېلىپ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن
يېڭىشەھەرگە ئەلچى كىرگۈزدى. ئىتتىپاق بولۇپ ئەپلىشىدىغانلىقنىڭ ئەسىرى
كۆرۈلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئارىدا جەڭ بولدى. ئارىدىن 10 كۈن ئۆتمەيلا
قوشبېگى يەكەنگە كىچىك خان تۆرەمنى باشلىق قىلىپ قويۇپ قەشقەرگە يېنىپ
كەلدى. ھەر كۈنى جەڭ-جېدەل بولۇپ تۇردى. ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن
ئادەملەر چىقىم بولدى. قىش پەسلىنىڭ ئاخىرى بوغلانلىقتىن سوغۇقنىڭ شىددىتى
ۋە شىۋىرغاننىڭ ئاپىتى دوست-دۈشمەن دەپ ئايرىماي، ياراتقۇچى ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ
قۇدرىتى بىلەن ھەر ئىككى تەرەپنى ئوخشاش ئازابلىدى. مۇشۇ تەرىقە بىلەن 60
كۈن ئۆتتى. ئاقىۋەت چارە-تەدبىر ۋە ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئىش قىلغۇچى
ياقۇپبەگ قوشبېگى سۈلىھ قىلىپ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت
مەسلىھەتچىلىرىدىن بىر كىشىنى ئەلچى قىلىپ بەگ مۇھەممەد قۇرچىنىڭ قېشىغا
كىرگۈزدى. ئەلچى كىرىپ كېلىشتىكى مەسەقت، مۇددىئالىرىنى بىر-بىرلەپ بايان
قىلغاندىن كېيىن، بەگ مۇھەممەد قۇرچى: «ئارىمىزدىكى ئىتتىپاقلىق بۇزۇلدى.
ئىككىنچى قېتىم ئەپلىشىپ بىرگە ئۆتۈشىمىزنىڭ ئېھتىمالى تۈگىدى. مەسلىھەتنىڭ
ياخشىسى شۇكى، قىپچاق ئاتالغان بىزلەرنىڭ ھەممىمىزگە بالا-چاقىلىرىمىزنى
ئېلىپ يۇرتىمىزغا چىقىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلسا، قوشبېگى بىزگە دەخلى-تەرۇز
قىلمىسا» دېگەن جاۋابنى بەردى. ئەلچى قايتىپ چىقىپ بەگ مۇھەممەد قۇرچىنىڭ
جاۋابىنى ياقۇپبەگ قوشبېگىگە يەتكۈزدى. قوشبېگىمۇ بۇ تەلەپنى دەرھال قوبۇل
كۆردى. قىپچاقلار جابدۇنۇپ دەرۋازىدىن چىقىشقا باشلىدى. چوڭلاردىن 200دەك
كىشى چىققاندىن كېيىن دەرۋازىنى ئېتىۋالدى. چىققىنى چىقتى، چىقالمىغانلىرى
يەنە شەھەرگە قامىلىپ قالدى. بەگ مۇھەممەد قۇرچى باشلىق شەھەردىن چىقىپ
كەتكەن كاتتىلارنىڭ بالا-چاقىلىرىمۇ قوشبېگىنىڭ قولىغا چۈشتى. بۇلارنىڭ
بەزىلىرىنى ئۆلتۈردى، بەزىلىرىنى زىندانغا بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن
پىتنە-پاسات بىر تەرەپ بولدى. يۇرتتا خاتىرجەملىك پەيدا بولدى. بۇزرۇكخان
تۆرەم خىجالەتچىلىكتىن بېشىنى كۆتۈرەلمەي قالدى. قوشبېگى يىگىتلەرگە
ئىنئام-ئېھساننىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئۇلارغا تون-سەرۇپايلارنى كىيدۈردى.
تىللا-تەڭگە ئۈلەشتۈردى. «ئىنسان ― ياخشىلىقنىڭ قولى» دېگەن ھەدىسنىڭ
مەزمۇنىچە ھەممە يىگىتلەر ياقۇپبەگ قوشبېگىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتى.
بۇزرۇكخان تۆرەمنىڭ 650تەك يىگىتى بار ئىدى. قوشبېگىنىڭ ئىلتىپاتىنى كۆرۈپ
ئۇلارنىڭ 600ى قوشبېگى تەرەپكە ئۆتتى. بۇزرۇكخان تۆرەم 50چە يىگىتى بىلەن
قالدى. دۆلەت ئاپتابى خىرەلىشىپ، تەختى-سەلتەنىتى تۆۋەنلەشتى. قوشبېگىنىڭ
بەخت-دۆلىتى كۈندىن-كۈنگە ئۆستى.
ياقۇپبەگ بۇزرۇكخان تۆرەمنى تۆت-بەش مۇلازىم-خىزمەتچىلىرى بىلەن قوشۇپ
يېڭىسارغا ئەۋەتتى. ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن ياقۇپبەگ قوشبېگى بۇزرۇكخان
تۆرەمنى مۇلازىملىرىنىمۇ ئايرىپ تەنھا قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىك
ئادەملىرىنى تەيىنلەپ نەزەربەنت قىلدى.
بەگ
مۇھەممەد قۇرچى يېڭىشەھەردىن چىقىپ قوقەن شەھىرىگە قېچىپ باردى. قوقەن خانى
بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن: «سەن قىپچاقلار بۇ شەھەرلەرنى بىئارام
قىلىپ، خەلقنى تىنجىتماي ئورۇسلارغا تۇتۇپ بەردىڭ ھەم قەشقەرگە قېچىپ بېرىپ
قەشقەرنى پاراكەندە قىلدىڭ»، دەپ دەرغەزەپ بولۇپ بەگ مۇھەممەد قۇرچى باشلىق
كاتتىلارنى بۇنىڭدىن بۇرۇن بارسا كەلمەس يولغا كەتكەن كارۋانلارنىڭ
ئارقىسىدىن يولغا سالدى. شۇنىڭدىن كېيىن قوقەن تەۋەسىگە قەشقەر تەرەپتىن
قىپچاقلار قېچىپ كەتمەيدىغان بولدى.
بەگ
مۇھەممەد قۇرچى دەشتى قىپچاق ئىچىدىكى ناھايىتى چوڭ ئۆتكەن ۋە
ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ يۇرت سوراپ كەلگەن گۆر ئوغلى باتۇرنىڭ نەۋرىسى
ئىدى. شۇ كۈندىن تارتىپ ھەممىلىرى گەدەنلىرىنى ئېگىپ ياقۇپبەگ قوشبېگى
ئەمر-پەرمانلىرىغا بويسۇنۇشنى ئۆزلىرىگە زۆرۈر دەپ بىلىدىغان بولدى. بۇمۇ
قوشبېگىنىڭ بەخت-دۆلىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا سەۋەب بولدى.
نەزم
شاھقا ئەگەر بولسىلەر دۆلەت-بەخت يار،
بولۇر پەتھ نۇسرەتلەر شاھقا دۇچار .
3
جانابىي ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە چىققانلىقى؛
قارشىلاشقۇچىلارنى يوقاتقانلىقى؛ لەشكەر باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ۋە يەكەن،
مارالبېشىلارنى قولغا كىرگۈزگەنلىكى
ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازى ھەممە پاراكەندىچىلىكلەترنى تۈگىتىپ قەشقەر ۋە
يېڭىسارغا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنى قولغا كىرگۈزدى. ئۇ جاي-جايلارغا ھاكىم ۋە
سۇيۇرغاللارنى تەيىنلەپ، پۈتۈن يىگىت ۋە باتۇرلارغا ئىنئام ۋە ئېھسانلار
بېرىپ ئاندىن خاتىرجەم بولدى. كەرەملىك تەڭرىنىڭ ھەرمىتى بىلەن يۇلتۇزلىرى
ياخشىلىققا يۈز كەلتۈرۈپ، مۇراد-مەقسەتلىرى ھاسىل بولۇش تەرىپىگە
جەزملەشتى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە كېچە-كۈندۈز يىگىت راسلىماق ۋە سەرۋاز
تەييارلىماقتىن باشقا غەرەز ۋە ھەۋەس يوق ئىدى. مۇشۇنداق ھالەتتە «شەرق
تەرەپتىكى كۇچالىق خوجىلاردىن ئىسھاق خوجا ھەددى-ھېسابسىز لەشكەر بىلەن
يەكەنگە يېتىپ كەلدى»، دېگەن خەۋەر ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىغا يەتكۈزۈلدى. ئۇ
دەرھال قوشۇن-سەرۋازلارنى خەتلەپ ھېسابىنى ئېلىشقا پەرمان چۈشۈردى. شۇنىڭ
بىلەن 12 مىڭ يىگىت، 3000 پىيادە سەرۋاز تىزىمغا ئېلىندى.
3000
سەرۋازغا سەككىز پانساتنى تەيىنلەپ، جامەدار دادخاھنى باش قوماندان قىلىپ،
يېتەرلىك توپ-زەمبىرەك، جازايىل ، تۇغ-بايراق، دۇمباق، كانايلار بىلەن
قوراللاندۇردى. يەنە 3000 يىگىتكە سەككىز پانساتنى تەيىنلەپ مىرزا ئەھمەد
قوشبېگىنى قوماندان قىلىپ، تۇغ-بايراق بېرىپ ئۆز لايىقىدا قوراللاندۇردى.
يەنە 3000 يىگىتكە سەككىز پانساتنى تەيىنلەپ، ئۆمەر قۇل پانساتنى قوماندان
قىلىپ، يەنە 3000 يىگىتكە سەككىز پانساتنى تەيىنلەپ ئابدۇللاھ پانساتنى
قوماندان قىلىپ، تۇغ-بايراق، قورال-ياراق ئىلتىپات قىلىپ قوراللاندۇردى.
ئاتىلىق غازى يەننە سەككىز پانسات ۋە مەھرەم، ياساۋۇل، مۇلازىملىرى قوشۇلۇپ
3000 يىگىتنى ئۆزىگە خاس قوشۇنلۇققا قالدۇردى. شۇنداق قىلىپ ھەممە ئىش
جاي-جايىدا تەييار بولدى.
مۇشۇنداق سائادەتلىك، تەرتىپ-ئىنتىزاملىق كۈنلەردە، قوماندان مىرزا ئەھمەد
قوشبېگىگە قول ئاستىدىكى پانسات ۋە يىگىتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ مارالبېشىنى
مۇھاسىرىگە ئېلىشقا پەرمان چۈشتى. قالغان قوماندانلارغىمۇ قىل قۇيرۇق بولۇپ
ئۈزۈلمەستىن يۈرۈش قىلىشقا يارلىق بېرىلدى. ھەممىدىن كېيىن قوشبېگى ئۆزى
پادىشاھلىق ھەشىمىتى بىلەن مەزىلمۇ مەنزىل يول يۈرۈپ ئەركانى دۆلەتلەر
قوشۇلۇپ مارالبېشىغا يېتىپ بېرىپ بارگاھ تىكىپ ئورۇنلاشتى.
مارالبېشى شەھىرىنىڭ ئىچىدە تۇڭگانلار ۋە مۇسۇلمانلار بولۇپ چوڭ-كىچىك
3000چە كىشى بار ئىدى. ھەممىسى كۇچالىق خوجىلارغا ئىتائەت قىلىپ خاتىرجەم
كۈن كەچۈرۈۋاتقانىدى. ئۇلار ئاتىلىق غازىنىڭ لەشكەرلىرى بېسىپ
كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنى تاقىۋالدى. ئۆزلىرى سېپىل
ئۈستىگە چىقىپ جەڭگە تەييار بولۇشتى. ئاقىۋەت ئىككى تەرەپ ئۆزئارا جەڭگە
كىرىشىپ كەتتى. شۇ ئوتتۇرىدا بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆتتى. ئاتىلىق غازىنىڭ
يىگىتلىرى سېپىلنىڭ ئاستىدىن لەخمە كولاپ دورا قويۇپ، ئوت ياقتى. دورىنىڭ
كۈچى سېپىلنىڭ بىر بۆلۈكىنى ئاسمان قەرىگە ئېلىپ چىقىپ كەتتى. بۇ يەردىن
بارلىق يىگىتلەر شەھەر ئىچىگە كىرىپ شەھەرنى قولغا ئالدى. تۇڭگانلاردىن
مىڭدىن ئارتۇق كىشى، ئاتىلىق غازىنىڭ يىگىتلىرىدىن 800چە كىشى ھالاك بولدى.
ئەجەل يەتكەنلىرى ئۆلىدى. قالغانلىرى ئامان قالدى. تۇڭگانلار ۋە
مۇسۇلمانلارغا تۇڭگان ما دالويىنى باشلىق قىلىپ قەشقەرگە ئېلىپ ماڭدى.
مارالبېشىنى ھېكىمخان تۆرەمگە ئىلتىپات قىلپ بەردى. غالىبىيەتچى قوشۇننى
تەرەپ-تەرەپتىن مۇبارەكلەشتى. ھەممە خوشال-خورام بولۇشتى. بۇ ۋاقىىت
ھىجرىيىنىڭ 1282- يىلى (ئات يىلى)، زۇلھەججە ئېيىنىڭ 22- كۈنى ئىدى.
جان
دوست بۇرادەرلەر! بۇ پادىشاھنىڭ شەترەنجىبازلىقىنى تاماشا قىلىڭلاركى،
«ئات»نى يۈرۈپ «كىشتى» بىلەن «شاھ»نى مات قىلدى.
دېمەك، ئىسھاق خوجام يەكەندە قالدى. ئاتىلىق غازى مارالبېشىنى قولغا
كىرگۈزۈۋېلىپ كۇچانىڭ يولىنى توسۇۋالدى. يەكەن بىلەن ئاقسۇدىن كىشىلەر
ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ تۇرالمايدىغان بولدى. بۇ غەلىبىنىڭ بەختى قولغا كەلگەندىن
كېيىن ئاتىلىق غازى پۈتۈن غەلىبە قازانغۇچى لەشكەرلىرىنى ئۆزىگە ھەمراھ
قىلىپ يەكەنگە بېرىپ ئىسھاق خوجا بىلەن جەڭ قىلىشنى قارار قىلدى.
بۇزرۇكخان تۆرەمنى نەزەربەنت تەرىقىسىدە قوغداپ لەشكەرلەر بىلەن قوشۇپ
ئېلىپ ماڭدى. مەنزىلمۇمەنزىل، يولمۇ يول يۈرۈپ يەكەنگە يېتىپ باردى.
يەكەننىڭ كوناشەھەر ۋە يېڭىشەھەرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىن ھەيۋەت ۋە داغدۇغا
بىلەن ئۆتۈپ «ھەفتە مۇھەممەدان» دېگەن مازارنىڭ ئالدىدىكى چوڭ مەيدانغا
چېدىر-بارگاھلىرىنى تىكىپ ئورۇنلاشتۇردى.
ئىسھاق خوجام يەكەنگە يېتىپ كەلگەندە، تۇڭگانلار كىچىكخان تۆرەمنى ئېلىپ
يەكەن يېڭىشەھەر ئىچىگە كىرىۋېلىپ، دەرۋازىنى مەھكەم ئېتىۋالغانىدى.
شۇنداق قىلىپ يەكەن يېڭىشەھەردە تۇڭگانلار ھۆكۈمرانلىق قىلسا، يەكەن كونا
شەھەردە ئىسھاق خوجام، شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردا بولسا ئاتىلىق غازى
ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
مۇشۇ
چاغلاردا كۇچالىق خوجاملار ئاتىلىق غازىنىڭ مارالبېشىنى بېسىۋالغانلىقىنى
ئاڭلاپ ھامىددىن خوجامنى نۇرغۇن لەشكەرلەر بىلەن مارالبېشىغا ئەۋەتتى.
ھېكىمخان تۆرەم ھامىددىن خوجامنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ چارباغ دېگەن
يەرگە بېرىپ ئالدىنى توسۇپ جەڭ قىلدى. ئون كۈن ئۆتكەندە ھېكىمخان تۆرەمنىڭ
لەشكەرلىرى غالىب كەلدى. كۇچالىق خوجامنىڭ لەشكەرلىرى تەڭ كېلەلمەي
ئارقىسىغا قاراپ قاچتى. ئەجەل يەتكەنلىرى ئۆلدى. ئامان قالغانلىرى مىڭبىر
جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن قۇرۇق جانلىرىنى ئېلىپ ئۆز يۇرت-ماكانلىرىغا
بېرىۋالدى. ھېكىمخان تۆرەم نۇرغۇن ئولجا-غەنىيمەتلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۆز
تەختى-بارگاھلىرىغا قايتىپ كەلدى. بۇ غالىبىيە خۇش خەۋىرىنى نۇرغۇن
تارتۇق-پىشكەشلەر بىلەن ئىناۋەتلىك خاس مۇلازىملار ئارقىلىق ئاتىلىق
غازىنىڭ ھۇزۇرىغا مەلۇم قىلدى. ياقۇپبەگ ياخشى سائەت، سائادەتلىك كۈنلەردە
يېتىپ كەلگەن بۇ خۇش خەۋەردىن ھەددىدىن تاشقىرى خۇرسەن ۋە مىننەتدار بولدى.
مۇلازىملارغا ئۆز لايىقىدا تون-سەرۇپاي، سەللە-كۇلا، تەڭگە-تىللا،
ياراق-ئەسلىھەلەرنى ئىنئام قىلدى. جانابىي ھېكىمخان تۆرەمگە ئۆزىگە خاس
تون-سەرۇپاي، ئېگەر-جابدۇقلۇق ئات، قورال-ياراق، تۇغ ۋە بايراق ئىلتىپات
قىلىپ، پادىشاھلارغا خاس سېخىيلىق بىلەن ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈردى.
يەكەن شەھىرى پەتھ بولماي ئۇزۇنغىچە مۇھاسىرە ئىچىدە قالدى. ياقۇپبەگ
تۇڭگانلارنى ھېچقانداق تەدبىر بىلەن سۈلھ قىلىپ ئەپلىشىشكە مايىل
قىلالمىدى. چۈنكى تۇڭگانلار 25 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، قورال-ياراقلىرىمۇ
ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئاخىر تۇڭگانلار ئىسھاق خوجاملار بىلەن بىرلىشىپ
ئىتتىپاق بولدى. 6000 چەبدەس چەۋەنداز تۇڭگان لەشكەرلىرى، 2000 باتۇر
يەرلىك مۇسۇلمان لەشكەر جەمئىي 8000 كىشىنى توپ-زەمبىرەك، ئوق-ياراقلار
بىلەن قوراللاندۇرۇپ بىر كېچىدىلا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش غەرىزى بىلەن
تەييار قىلدى. ھوشيار ئاتىلىق غازى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ شۇ كېچىسى
غالىب قوشۇنلىرىنى تۆتكە بۆلۈپ تۆت تەرەپكە مۆكتۈرۈپ قويۇپ،
چېدىر-بارگاھلىرىنى بوش-خالىي قالدۇرۇپ چىقىپ كەتتى ۋە ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ
قۇدرىتى بىلەن قانداق ھادىسىلەر يۈز بېرىدىكىن، دەپ دۇئا ۋە ئىلتىجا بىلەن
كۈتۈپ تۇردى. تۇڭگان لەشكەرلىرى چۈمۈلىدەك ھەر تەرەپتىن ئۇشتۇمتۇت چىقىپ
كېلىپ ئاتىلىق غازىنىڭ چېدىر-بارگاھلىرىغا توپ-زەمبىرەك، مىلتىق ئېتىپ، ئات
سېلىپ بېسىپ كەلدى. خۇددى دىۋە-پەرىلەرنىڭ ماكانلىرىدەك چېدىر-بارگاھلاردا
ئادەمىزاتنىڭ نام-نىشانلىرى كۆرۈلمىدى. بۇ ئەھۋالدىن تۇڭگان لەشكەرلىرى
ھەيران بولۇپ تۇرغان ھالەتتە، ئاتىلىق غازىنىڭ غالىب يىگىتلىرى
تەرەپ-تەرەپتىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەكبىر ئېيتىپ، پەلەكتىن ئاشقان
قىقاس-سۈرەنلەر بىلەن قورشاپ كېلىپ چاپ-چاپ قىلغىلى تۇردى. تۇڭگانلارنىڭ
جەسەتلىرى ئېتىزدا دېھقانلار ئورۇپ قويغان زىرائەتلەرنىڭ ئۈنچىلىرىدەك
دۆۋىلىنىپ كەتتى. بۇ ئەھۋال كېچىدىن چاشكاغىچە داۋاملىشىپ، قارا تۇپراق
ئۆلۈكلەرنىڭ قېنى بىلەن بويىلىپ قىپقىزىل گۈلزارلىققا ئايلانغاندەك بولدى.
تۇڭگانلارنىڭ ئاز بىر قىسمى مىڭبىر مۇشەققەت بىلەن جانلىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ
قېچىپ كەتتى. ئەسىر چۈشكەن تۇڭگانلارنىڭ چوڭلىرىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى. بۇ
ئەھۋاللار يۈز بەرگەندىن كېيىن ئاتىلىق غازى تەرىپىدىن: «2000 سەرۋاز
(پىيادە ئەسكەر) يالىڭاچ بولۇپ سېپىلغا باستۇرۇپ بېرىپ شەھەرنى قولغا
كىرگۈزسۇن ھەم قەتلىئام قىلسۇن» دەپ يارلىق چۈشتى.
بۇ
چاغدا لەشكەر باشلىقى مىرزا ئەھمەد قوشبېگى قاتارلىقلار يىغىلىپ ئاتىلىغا
غازىغا: «ھازىر سەرۋازلار يۈگۈرۈپ بېرىپ شەھەرنى ئالسا نۇرغۇن بىگۇناھ
كىشىلەرنىڭ قېنى تۆكۈلىدۇ. ئالدى بىلەن ئەلچى كىرگۈزۈپ سۈلھ تۈزۈشكە دەۋەت
قىلساق، ئەگەر قوبۇل تۇتمىغاندا ئاندىن باستۇرۇپ بېرىپ شەھەرنى ئالساقمۇ
كېچىكمەيدۇ»، دەپ مەسلىھەت بېرىشتى. شۇ كۈنى جۈمە كۈنى ئىدى. ئاتىلىق غازى
چوڭلارغا: «بۈگۈن جۈمە نامىزىغىچىلىك سۈلھنى قوبۇل قىلىپ بارگاھىمىز
ئالدىغا كەلسە جانلىرىغا ئامانلىق، مال-مۈلكىگە خاتىرجەملىك بېرىلىدۇ.
مۇبادا، ئارقىغا سۆرەپ سۇسلۇق كۆرسەتسە، چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال ئات ئاستىدا
قېلىپ ھالاك بولىدۇ. مال-مۈلكى تالان-تاراج بولىدۇ، گەپ تامام» دېگەن
مەزمۇندا خەت بىلەن ئەلچى كىرگۈزدى. تۇڭگانلار ۋە كۇچالىق خوجاملار سۈلھنى
قوبۇل تۇتماي ئىلاجى بولمىدى. ئۇلار پۈتۈن لەشكەر ۋە مۇلازىملىرى بىلەن
ئاتىلىق غازىنىڭ بارگاھلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ توپ-زەمبىرەك، ياراق-ئەسلىھە
قاتارلىق پادىشاھلىققا لازىملىق ھەممە نەرسىلەرنى خەزىنە ئالىيلىرىغا
تاپشۇردى. ئاتىلىق غازى ئىسھاق خوجام بىلەن يېقىن ئولتۇرۇپ كۆپ گەپلەرنى
ئارىغا سېلىپ، ئىززەت-ئىكرام، ئۆزىگە لايىق شاھانە تون-سەرۇپاي جابدۇقلىرى
بىلەن توقۇپ تەق قىلىپ، مەرھەمەت قىلىپ ئۆز قولى بىلەن يۆلەپ ئاتقا
مىندۈرۈپ، كۇچا تەرەپكە يولغا سېلىپ قويدى. قالغان لەشكەرلەرگىمۇ ئۆز
لايىقىدا تون-سەرۇپاي، خەرجى-خىراجەت بېرىپ ئۆز يولىغا راۋان قىلدى.
ھەممىسىنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلدى. بىر مۇنچە تۇڭگانلارنى قەشقەرگە ئېلىپ
بېرىپ، ما دالويىنىڭ قوماندانلىقىغا تاپشۇردى. ئاخىر يەكەننىڭ ھاكىملىقىنى
مۇھەممەد يۇنۇس شاغاۋۇل دادخاھقا ئىلتىپات قىلدى. نىيازبەگ ئىشىكئاغانى
شاغاۋۇل، كىپەك قۇر بېشىنى باتۇر بېشى، قازى زىيائىددىن داموللامنى قازى
كالان قىلىپ يارلىق چۈشۈرۈپ ئۇلارنى رازى قىلدى. بۇنىڭ بىلەن يۇرتتا
تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ھاسىل بولدى. ئاتىلىق غازى بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن
كېيىن خۇشال-خورام ھالدا پايتەخت قەشقەرگە قايتىپ كەتتى. بۇ تارىخىي
ھىجرىيىنىڭ 1283- يىلى رەبىيەلئاخىر ئېيىنىڭ 20- كۈنى (قوي يىلى) ئىدى.
4
جانابىي ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ خوتەننى بېسىۋېلىش ئۈچۈن تەدبىر
قوللانغانلىقى؛ ھەبىبۇللاھ ھاجى پادىشاھنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى ۋە غەلىبە
قۇشى خوتەن زېمىنىدا يۈز كۆرسەتكەنلىكى
جاھان ئىشلىرىغا تەجرىبىلىك ۋە تەدبىرلىك جانابىي ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازى
يەكەن شەھىرىنى قولغا كىرگۈزۈپ خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن پايتەختى قەشقەرگە
قايتىپ كەلدى. يۇرتقا ئادالەت بىساتلىرىنى يېيىپ، زۇلۇمنىڭ ئىشىكىنى ياپتى.
خەلقپەرۋەرلىك پەرمانلىرىنى تۈزدى. يۇرت چوڭلىرىنىڭ شۇنداقلا پۈتۈن ئاددىي
پۇقرالارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئېھسان ۋە ئىنئام بىلەن ئۆزىگە رام قىلىپ،
دۈشمەنلىك، خۇسۇمەت ۋە ئاداۋەتلەرنى تۈگىتىپ يۇرتنى تىنچلاندۇردى. ئۇلۇغ
مازارلاردا خەتمە-قۇرئان ئوقۇتۇپ، دۇئا ۋە پاتىھەلەرنى ئادا قىلدى. داش
قازانلارغا ئۆزى ئوت قالاپ، سۇ قۇيۇپ، كەمبەغەل، تۇل خوتۇن، يېتىم
ئوغۇللارغا كەڭرى نەزىر-نۇزۇراتلار بېرىپ، ھەدىيە-سەدىقىلەر ئىنئام قىلىپ
ھەممىنى شاد-خورام قىلدى. ئەمما شەھەرلەرنى بويسۇندۇرۇش ھەۋىسى، يۇرت
ئالماق داغدۇغىسى، بولۇپمۇ خوتەننى قولغا كىرگۈزۈش نىيىتى كۆڭلىنى ئارام
تاپقۇزمىدى. لېكىن خوتەن خەلقىنىڭ ھاجى پادىشاھقا ئەقىدە-ئىخلاسلىرى
ھەددىدىن زىيادە ئىدى. يەتتە ياشتىن – يەتمىش ياشقىچە ھەممە چوڭ-كىچىك
پۇقرالار ئۆز ئىختىيارلىرى بىلەن جانپىدا قىلىپ ئۇنىڭغا ئەسكەر بولغانىدى.
ئاتىلىق غازى بۇ ئەھۋالنى نەزەرگە ئېلىپ ئېيتتىكى: «پادىشاھنىڭ پۇقرالارغا
ئىشەنچى، پۇقرالارنىڭ پادىشاھقا بولغان ئىخلاسى ۋە ئېتىقادى بىرلىشىپ
ئىتتىپاق بولسا، بۇنداق شەھەرنى باشقا بىر بىگانە ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن
قول ئۇزىتىپ مۇراد غۇنچىسىنى ئۈزگەنلىكى ھېچقانداق تارىختا كۆرۈلمىگەن.
ئىتتىپاقلىق بار يەردە دۆلە بار. دۆلەت بار يەردە ئىتتىپاقلىقنىڭ بولۇشى
شەرت. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر كىشى بىر تەرەپكە كېتىپ بارغانىكەن، يەنە
بىر كىشى ئۇچراپ ‹قەيەردىن كەلدىڭ، قەيەرگە بارىسەن، ئىسمىڭ نېمە؟› دەپ
سوراپتۇ. كېتىپ بارغان كىشى، ‹ئىسمىم دۆلەتتۇر، قايسى مەملىكەتتە
ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىك بولسا شۇ يەرگە بارىمەن، قايسى مەملىكەتتە
ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىك بۇزۇلسا ئۇ يەردىن يىراق كېتىمەن›، دەپ جاۋاب
بېرىپتۇ، خوتەن شەھىرىدە ئىتتىپاقلىق، بىرلىك مەۋجۇت. ئۇنى زورلۇق كۈچى،
توپ-زەمبىرەك، قىلىچ-گۇرزىغا تايىنىپ قولغا كىرگۈزمىكىمىز مۇمكىن ئەمەس.
ئەمما ھاجى پادىشاھنىڭ يېشى 70كە يېتىپ، ئۆمۈر قۇياشى غەرب تەرەپكە
ئېڭىشكەن، ئەقىل-پىكرىگە قېرىلىق تەسىر قىلىشقا باشلىغان كىشى...»
دېگەنلەرنى ئويلاپ، تەپەككۇر بېشىنى خىيال تىزىغا قويۇپ، چوڭقۇر نەزەر
بىلەن مۆلچەرلەپ، «بىر تەدبىر قىلسام، تەدبىرىم تەقدىرگە مۇۋاپىق كېلىپ
قالسا، خوتەن شەھىرىنى قولغا كىرگۈزۈشنىڭ ئېھتىمالى بولار...» دەپ ئويلىدى
ۋە چارە-تەدبىر ئىزدەپ، ھىيلە-مىكىرگە قەدەم قويدى. توزاق، قاپقانلارنى كەڭ
يايدى. ئەنە شۇنداق ئەندىشە ئىچىدە چېكى يوق پىكىر دەرياسىغا غەرق بولدى.
پىكىر دەرياسى ئىچىدە مۇراد گۈلى تەسەۋۋۇر ئالقىنىدا جىلۋە قىلغاندەك
بولدى. ئاندىن خىيالدىن باش كۆتۈرۈپ غالىب لەشكەرلىرىگە نەزەر سېلىپ،
«تەييار ۋە ھازىر بولۇڭلار، مازار شېرىپ زىيارىتىگە بارىمىز»، دەپ ئەمر
قىلدى. كاتتا تۇغ-ئەلەم، تۆت نەپەر قوماندان، 15 مىڭ يىگىت، سەرۋاز بىلەن
ئاتلىنىپ، بۇزرۇكخان تۆرەمنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، مەنزىلمۇمەنزىل يول
يۈرۈپ يەكەنگە بېرىپ چۈشتى. بۇ ― تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1283- يىلى بارات
ئېيىنىڭ 8- كۈنى ئىدى. ئۇلار يەكەندە بىر ھەپتە تۇرۇپ ھەممە يىگىت،
سەرۋازلىرىغا كىيىم-كېچەك، ئات-ياراق بېرىپ ھەممە تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ
ھازىر بولدى. ئاندىن بۇزرۇكخان تۆرەمنىڭ نامىدا ھاجى پادىشاھقا ئەۋەتىدىغان
بىر پارچە خەتنى تەييار قىلدى. خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
گەپنىڭ قىسقىسى شۇكى، مەن قەشقەر زېمىنىغا كەلگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. بۇ
جايلاردىكى مازار-ماشايىخلارنى قەدىر-ئەھۋال كەڭتاشا زىيارەت قىلدىم.
ئەمدىكى ئارزۇيۇم ئىمام جەئفەرى سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەۋەررۈك
قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىش ئىدى. ھاجى پادىشاھ ئاغام مەرھەمەت قىلىپ رۇخسەت
ئەيلەپ يول بەرسە، زىيارەت قىلىپ يانسام دېگەن ئۈمىد بىلەن مەقسىتىمنى
ئىزھار قىلىپ بۇ نامىنى يازدىم، ۋەسسالام».
ئاتىلىق غازى بۇ خەتكە بۇزرۇكخان تۆرەمنىڭ مۆھۈرلىرىنى بېسىپ، ئىشەنچلىك
مۇلازىملاردىن ئەۋەتتى ۋە ئارقىدىنلا ئۆزى خوتەنگە يۈرۈش قىلدى.
ئۇلار يەكەن زېمىنىنىڭ ئاخىرى، خوتەننىڭ باشلىنىشى جايىغا
چېدىر-بارگاھلىرىنى تىكىپ ئورۇنلاشتى. ھاجى پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ ئوغلى
نېمىتۇللاخاننى چۈشكۈن-قونالغۇ، تارتۇق-پىشكەشلەر بىلەن ياقۇپبەگنىڭ
ئىستىقباللىرىغا چىقاردى. ئاتىلىق غازىمۇ بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا
كىشى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ھەددىدىن زىيادە ئىززەت-ئىكرام بىلەن كاتتا
زىياپەتلەر قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن نېمىتۇللا خانغا ئالتۇن سەللە، كىمخاب
تون، ئالتۇن يالىتىلغان ياراق-ئەسلىھە، ئېگەر-جابدۇقلىرىغا ئالتۇن-كۈمۈشا
يالىتىلغان توپچاق ئارغىماق ھەدىيە قىلدى. بىللە كەلگەن يىگىت
مەھرەملىرىگىمۇ تون-سەرۇپاي، خىراجەت تەڭگە-تىللا ئىنئام قىلىپ، ئاخىرىدا
مۇنداق دېدى: «ئەلھەمدۇلىللاھ، بۇ يەرگە كەلدىم. شاھزادەمنىڭ جامالىنى
كۆرۈپ كۆزۈمنى روشەن ۋە مۇنەۋۋەر قىلدىم. دېمەك، مۇرادىمغا يەتتىم. ئەمما
يەنە بىر ئارزۇ-ھەۋىسىم شۇكى، ھاجى پادىشاھ دادامنىڭ جامالىنى كۆرۈش
مۇيەسسەر بولۇرمىكىن. ئەگەر ھاجى پادىشاھ دادامنىڭ مۇبارەك قەدەملىرى مەن
كەمىنە خىزمەتكارنىڭ چېدىرلىرىغا يەتسە، ئاياغلىرىنىڭ توپىسىنى ساقىلىم
بىلەن سۈپۈرۈپ، جان-دىلىم بىلەن خىزمەتكارچىلىقىمنى ئىزھار قىلسام، مېنىڭ
بۇ ئىلتىماسىمنى قوبۇل تۇتۇپ ئەڭ تۆۋەن چاكىرى ئورنىدا كۆرۈپ مەرھەمەت
قىلسا، بۇ توپا-چاڭ باسقان خار بېشىم پەلەككە يەتكەن بولاتتى. مۇشۇ
ئارزۇدىن باشقا تەلەپ مۇددىئا كۆڭلۈمدە يوق. ئەگەر ھاجى پادىشاھ دادام بۇ
يەرگە قەدەم تەشرىپ قىلىشنى لايىق كۆرمىسە، ئۆزۈم ئالىي ئاستانلىرىگە بېرىپ
بوسۇغىلىرىغا يۈزۈمنى سۈرتۈپ، جامالىنى كۆرۈپ كۆزۈمنى روشەن ۋە مۇنەۋۋەر
قىلىپ كەلمىسەم، ئەسلا ئىلاجىم يوق»، دەپ خۇشامەتكويلۇق بىلەن شېرىن سۇخەن،
مۇلايىم سۆزلەر بىلەن شاھزادىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى ۋە شاھزادە
نېمىتۇللاخانغا لەشكەر باشلىقى ئابدۇللاھ پانساتنى قوشۇپ، قۇلاقلىرىغا
كىشىنىڭ كۆڭلىنى مەھلىيا قىلىدىغان ئەسۇننامە گەپلەرنى قىلىپ يولغا سالدى.
بىر پارچە كىتابقا ئوخشىشىدىغان خىشنى كالام شېرىپ (قۇرئان) سۈرىتىدە
قىلىپ، ئۈستىنى نەچچە قەۋەت تاۋار-ئەتلەسلەر بىلەن ئوراپ، كىمخاب جىلتىكىگە
سېلىپ، ئىززەت ۋە ھۈرمەت بىلەن لەشكەر باشلىقى ئابدۇللاھ پانساتقا بېرىپ
مۇنداق دېدى: «سىلەر بېرىپ مېنىڭ ئۈچۈن ھاجى پادىشاھ دادامنىڭ ھۇزۇرىدا
مېنىڭ ئەقىدە-ئىخلاسىمنى بىر-بىرلەپ يەتكۈزۈڭلار. ئەگەر ئىشەنمىسە، مۇشۇ
تەڭرىنىڭ كالامىنى (قۇرئاننى) تۇتۇپ مېنىڭ ئۈچۈن قەسەم ئىچىپ ئېلىپ
چىقىڭلار. قالغان ئەرز-ئىخلاسىمنى شاھزادە مېنىڭ نامىمدىن ئۆزى بايان
قىلىدۇ»، دېدى.
بۇلار ھاجى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا يېتىپ بېرىپ مۇلاقات بولۇپ زىياپەتلەر
تۈگىگەندىن كېيىن ئەمىرلەشكەر ئابدۇللاھ پانسات ئارقىلىق غازىنىڭ
تاپشۇرۇقىنى كېمىتمەي، بەلكى ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپراق ھاجى پادىشاھقا يەتكۈزۈپ،
ئەدەب بىلەن قولىنى كۆكسىگە قويۇپ، مۇلازىملار قاتارىدا پەگاغا چۈشۈپ قول
قوشتۇرۇپ تۇردى. سۈت بىلەن سۇنى ئارىلاشتۇرۇۋەتسە ئايرىۋالالمىغاندەك، بۇ
سۆزلەرنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى پەرق ئېتەلمىگەن ھاجى پادىشاھ
ھەيرانلىقتا قېلىپ، ۋەقەنى ئوغلىدىن سورىدى. ئوغلى نېمىتۇللاخان بولسا
پەلەكنىڭ ھىيلىگەر، مەككارلىقىنى تېخى كۆرمىگەن، زاماننىڭ
تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى تېتىمىغان، بالىلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغانمىغان ياش بالا
ئىدى. ئەمىرلەشكەر ئابدۇللاھ پانسات ھاجى پادىشاھنىڭ ئاتىلىق غازىنىڭ
ئالدىغا چىقىشىنى بىر قېتىم تەكلىپ قىلغان بولسا، ياش-تەجرىبىسىز شاھزادە
تۈرلۈك تەرىپ-ماختاشلار بىلەن مىڭ قېتىم تەرغىب-تەكلىپ قىلدى. گەپنىڭ
قىسقىسى ھاجى پادىشاھنىڭ رايى بارىدىغانغا قارار تاپتى.
ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇلۇغ تەڭرىم يۈزىگە بەخت-دۆلەتنىڭ ئىشىكىنى
ئېچىشنى ئىرادە قىلسا، ھەر باھانە، ھەر سەۋەب بىلەن ئۇنىڭغا دۆلەت ۋە
ئىززەت ئاتا قىلىدىكەن. ئاتىلىق غازىنىڭ تەدبىرى، تەڭرىنىڭ تەقدىرىگە
مۇۋاپىق كېلىپ قالدى. ئەپسۇن ۋە ئېزىتقۇ گەپلەرنىڭ تەسىرى مەلۇم بولدى.
ھاجى پادىشاھقا بەخت-دۆلەتنىڭ ئىشىكى ئېتىلدى. زۇلۇم ۋە زالالەتنىڭ
پەنجىرىسى ئېچىلدى. ئەقىل كۆزى يېپىلدى. شاھزادە بىلەن پانسات گويا قازا ۋە
قەدەرنىڭ ئىككى چاپارمىنىدەك ھاجى پادىشاھ بىچارىنى زۇلۇم زىندانىغا باشلاپ
باردى. ھاجى پادىشاھ بىچارە ئۆز ئايىغى بىلەن ئازاب، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇققا
گىرىپتار بولدى.
ھاجى
پادىشاھ: «چۈشۈم بۇزۇلۇپ قالغانىدى. تەڭرىمنىڭ قۇدرىتىدىن نېمە ئىشلارنىڭ
يۈز بېرىشىنى بىلگىلى بولمايدۇ» دەپ ئېھتىيات قىلىپ، 1500 مەھرەم
يىگىتلىرىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ئېلىپ بارغانىدى. ئۇنىڭ چېدىر-بارگاھقا
كۆزى چۈشتى. ئاتىلىق غازى ئۇلارنى كۆرۈپ ئالدىغا يۈگۈردى. يېقىن يېتىپ
بارغاندا ھاجى پادىشاھ ئاتتىن چۈشمەكچى بولدى. ئەمما ئاتىلىق غازى يۈگۈرۈپ
بېرىپ ئۈزەڭگىسىنى يۈز-كۆزىگە سۈرتۈپ، تاۋاپ قىلىپ چۈشكىلى قويمىدى. تۆت
پانسات ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى بويۇنلىرىغا سېلىپ تۆت ئەتراپىدا يۈگۈرۈپ مېڭىپ
بارگاھنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ھاجى پادىشاھنى ئاتىلىق غازى كۆتۈرۈپ ئاتتىن
چۈشۈردى. قولتۇقلىرىدىن يۆلەپ بارگاھقا ئېلىپ كىرىپ ئولتۇرغۇزۇپ ئېيتتىكى:
«ھاجى دادام يەتتە يىل مەككە مۇكەررەمە، مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ئىستىقامەت
قىلىپ مۇجاۋىر بولغان. ئۆلىمالاردىن ‹ھاجى ياكى غازى بىلەن بىر قېتىم
قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەنلىك پەيغەمبەر بىلەن مىڭ قېتىم قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەن
بىلەن تەڭ› دېگەن ھەدىس شېرىفنى ئاڭلىغانىدىم. ھاجى ئاتام بىلەن بىر قېتىم
قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولارمەنمىكىن»، دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ قول
قوۋۇشتۇرۇپ تۇردى. ھاجى پادىشاھمۇ دەرھال ئورنىدىن قوپۇپ قۇچاقلاشتى.
ئاتىلىق غازى ھاجى پادىشاھنى قۇچاقلىغان پېتى بارگاھ ئىچىدە ئالدىن
تەييارلاپ قويۇلغان چېدىر ئىچىگە كۆتۈرۈپ ئەكىرىپ كەتتى. ئۇ يەرگە مۆكتۈرۈپ
قويغان مۇلازىملار ھاجى پادىشاھنى كۆتۈرۈپ يىقىتىپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى
سالدۇرۇپ باغلىدى. بۇنداق بولغانلىقىنى ھېچكىشى كۆرمىدى.
ھەي-ھەي! مانا بۇنىڭدىن ئىنسان گۇرۇھى، ئادەم خەيلىنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنىڭ
تولىلىقىنى تاماشا قىلىڭلار!
نەزم
ئىنسان ئەگەر ئاچسا تەلبىسغە ئاغىز،
بىچارە بولۇر ئىبلىس لەئىن بى تەمىز .
يۇقىرىدىكى نەزم ئاتىلىق غازىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە تازا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ھاجى
پادىشاھ ئاتىلىق غازىنىڭ بارگاھىنىڭ ئالدىغا ئون نەچچە مەھرەم بىلەن بىللە
كەلگەنىدى. ئۇلارنى باشقا چېدىرغا باشلاپ كىرىپ دەرھال پۇت-قولىنى باغلاپ
تاشلىدى. قالغان يىگىتلەر ئاتتىن چۈشمەي ھاجى پادىشاھنى مۇھاپىزەت قىلىپ
بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغانىدى. ئاتىلىق غازى ھاجى پادىشاھنىڭ نامىدا:
«مەن
ئۇكام ياقۇپبەگ قوشبېگى بىلەن بىر كېچە قونۇپ مۇڭدىشىپ، ئەتە ئۆزۈم يول
باشلاپ شەھەرگە ئېلىپ كىرىمەن. سىلەر قايتىپ كېتىپ خاتىرجەم ئۆز ئىشىڭلارغا
مەشغۇل بولۇڭلار! ئوغلۇم نېمىتۇللاخان پالان-پالانلارنى ئېلىپ ئەتە
ئالدىمىزغا چىقسۇن»،
دەپ
كارغا يارايدىغان پالۋان، سەركەردىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى سېلىپ خەت يېزىپ،
ھاجى پادىشاھنىڭ مۆھۈرىنى بېسىپ يىگىتلەرگە يەتكۈزۈپ بەردى. يىگىتلەر بۇ
خەتنى كۆرۈپ ئېتىنىڭ بېشىنى قايرىپ شەھەرگە قاراپ كەتتى. ئەتىسى ئاتىلىق
غازى خوتەن شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلدى. شەھەرگە بىر پوتەي قالغاندا ،
شاھزادە نېمىتۇللاخان كارغا يارايدىغان، بىرەر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن
چىقالايدىغان، ياراملىق 20 ― 30 يۇرت كاتتىلىرىنى ئېلىپ ئاتىلىق غازىنىڭ
ئالدىغا چىقىپ كۆرۈشتى. ئاتىلىق غازى بۇلار بىلەن ئوبدان كۆرۈشۈپ «ھاجى
دادام ئارقىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ، سىلەرمۇ بېرىپ بىللە كېلىشسىلە» دەپ
ئۆتكۈزۈۋەتتى. بۇلار ئۆتۈپ ياقۇپبەگنىڭ چېدىرىغا يېتىپ بارغان ھامان، ھەر
قايسىسىنى باشقا-باشقا چېدىرلارغا باشلاپ كىرىپ باغلاپ نەزەربەنت قىلدى.
ئاتىلىق غازى خوتەن شەھىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ چۈشۈپ چېدىر-بارگاھلىرىنى تىكىپ
ئورۇنلاشتى. ئېزىزبەگ جاللاتنى يىگىتلىرىبىلەن قوشۇپ ھاجى پادىشاھنىڭ
خەزىنە-دەپنىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ كېلىشكە بۇيرۇدى. ئېزىز بەگ جاللات شەھەرگە
كىرىپ ھاجى پادىشاھنىڭ بالا-چاقىلىرىنى ئوردىدىن ھەيدەپ چىقىرىپ، خەزىنە
دەپنىلەرگە ئىگە بولۇپ ساقلاپ تۇردى. ئاتىلىق غازى ئەمىر لەشكەر،
پانساتلىرىنى قىل قۇيرۇقى قىلىپ بىر-بىرلەپ، ئارقا-ئارقىدىن شەھەرگە
كىرىشكە بۇيرۇدى. ئۇلار كىرىپ ھاجى پادىشاھنىڭ لەشكەر بېشى، يۇرت
كاتتىلىرىنى بىر-بىردىن تۇتۇپ چىقىپ بەزىلىرىنى ئۆلتۈردى، بەزىلىرىنى
نەزەربەنت قىلدى.
ھاجى
پادىشاھنىڭ بالا-ۋاقىلىرى، لەشكەر، رەئىيە-پۇقرالىرى «ھاجى پادىشاھ ئاتىمىز
قەيەردىدۇ، نېمە ئۈچۈن كەلمەيدىغاندۇ؟ بۇ ئەنجانلىقلار ئوردىنى بېسىۋالدى.
نېمە ئىش بولغاندۇ؟» دەپ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى بىلەلمەي ھەيران ۋە سەرگەردان
بولۇپ داڭقېتىپ تۇرۇپ قېلىشتى. ھەش-پەش دېگۈچە ئىككى كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ
كەتتى. خالايىق ھوشيار ۋە ئاگاھ بولۇشۇپ، شەھەر ئەتراپىدىن 10 ― 15 مىڭ
كىشى كالتەك-چوماقلار بىلەن قوراللىنىپ كېلىپ، «ھاجى پادىشاھ ئاتىمىز
قېنى؟» دەپ، ئاتىلىق غازىنىڭ كوچا-بازارلاردا ئۇچرىغان يىگىت، سەرۋازلىرىنى
قوغلاپ، ئۇرۇپ، ئۆلتۈرۈپ، ھاقارەت-دەشنام قىلغىلى تۇردى. بۇلارنىڭ قوپال
ھەرىكەتلىرى، قەبىھ سۆزلىرىنى يېزىشقا قەلەم ئاجىزلىق قىلىدۇ. خالايىققا
قانچە پەند-نەسىھەت قىلسىمۇ كار قىلماي بارغانچە ئۆرلەپ كەتتى. بۇ
ئالامانلار بىر مۇنچىلىرى كالتە-چوماقلىرىنى كۆتۈرۈپ ئاتىلىق غازىنىڭ
بارگاھلىرىغا يۈگۈردى. ياقۇپبەگ بەرداشلىق بېرەلمەي «ئۇرۇڭلار،
ئۆلتۈرۈڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلدى. بىرنى ئۆلتۈرسە، «غولى نېمە دەيتۇبۇ» دەپ
يۈزى كەلدى. ئۇلار ئۆلۈكلەرنى دەسسەپ ئىلگىرىلەپ ئاتىلىق غازىنىڭ بارگاھىغا
يېتىپ كەلدى. ئاتىلىق غازىمۇ چىداپ تۇرالماي ئېتىغا مىنىپ قەتلىئامغا
يارلىق چۈشۈردى. ھەممە لەشكەرلەر قەتلىئامغا قول قويۇپ، چاپ-چاپ قىلىپ
ھەممىنى قىردى.
ئەتىسى قارىقاشتىن 10 ― 20 مىڭ ئالامان بويۇنلىرىغا تولۇمغا قاچىلانغان
ئوزۇق-تالقانلىرىنى ئاسقان، قولىدا چوماقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا قارا كالتەك
بولۇپ كەلدى. بۇلارنىمۇ قەتلىئام قىلىپ ئۆلتۈرۈپ ئالدىدا كەتكەنلەرنىڭ
قاتارىغا قوشتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىرالىقلار ئوزۇقلىرىنى بويۇنلىرىغا
ئېسىپ، كالتەك-چۇماقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ قىل قۇيرۇقى بولۇپ كېلىشىپ،
كۆرۈپ-بىلىپ تۇرۇپ، كۆيۈۋاتقان ئوتقا ئۆزىنى ئۇرۇپ ھالاك بولدى. خوتەنگە
ئالتە شەھەر قارايدىكەن. شۇ تەرىقىدە ھەر شەھەردىن ئارقا-ئارقىدىن بەش، ئون
مىڭلاپ قارا كالتەك بولۇپ كەلدى. ئاتىلىق غازىنىڭ لەشكەرلىرى ئۇلارنى
بىرىنى بىرىگە ئۇلاشتۇرماي ئۆلتۈرۈپ يەر بىلەن يەكسان قىلدى.
خوتەن ئەھلى بىرەر ئىشنى قىلىش نىيىتىدە ئاسانلىقچە ئورنىدىن
قوزغالمايدىكەن. مۇبادا ئورۇنلىرىدىن قوزغالسا شۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلماي
توختىمايدىكەن. جېنىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشنى ياكى
قېچىشنى بىلمەيدىكەن. شۇڭا، ئۆز ماكانلىرىدىن قوزغالماي تىنچ تۇرغانلىرى
سالامەت قالدى. ماكانلىرىدىن قوزغىلىپ چىقىپ بۇ ئىشقا قەدەم قويغانلىرى
شەھەرگە كېلىپ «ئاھ! ھاجى پادىشاھىم، ئاھ! ھاجى پادىشاھىم، پادىشاھىمىزدىن
ئايرىلىپ تىرىك يۈرگىنىمىزدىن ئۆلگىنىمىز مىڭ ھەسسە ياخشى» دەپ زار-زار
يىغلىشىپ، ئۆزلىرىنى ھالاكەت چاڭگىلىغا ئاتتى. بۇلارنىڭ مۇنداق ھەرىكەتلىرى
تامامەن نادانلىقتىن بولغانلىقى ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
ئاتىلىق غازىنىڭ يىگىتلىرى، سەرۋازلىرى ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن چارچىدى. قوللىرى
قاپاردى. بۇ ئەھۋالنى ئاتىلىق غازىغا مەلۇم قىلدى. ئاتىلىق غازى قوشۇنغا
ئەگىشىپ كەلگەن قاسساپلارنى ۋە خوتەندىكى ياقا يۇرتتىن كەلگەن مۇساپىر
قاسساپلارنى چاقىرتىپ كېلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇدى. قاسساپلار خەندەكنىڭ
لېۋىدە تۇرۇپ ئادەملەرنى بوغۇزلاپ خەندەككە ئىتتىرىۋەردى. خوتەندەك
شەھەردىكى خەندەك ۋە ھەممە چوڭقۇرلۇقلار ئادەم ئۆلۈكى بىلەن لىقمۇلىق توشۇپ
كەتتى. لەشكەر باشلىقلىرى، پانساتلار شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرىنى توسۇپ تۇردى.
تۇتۇپ كەلگەن كىشىلەرنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپ بىر كىشىنى بىردىن سەرۋازغا
تاپشۇردى. بىر سەرۋاز بىردىن كىشىنى يېتىلەپ ئادەم ئۆلتۈرىدىغان يەرگە
ئېلىپ ماڭدى. ئۇ يەرگە يېتىپ بارغۇچە ئۇلار ئۆلتۈرۈلىدىغان كىشىلەرگە «بىر
نەرسەڭ بولسا بەر، ئۆلتۈرمەي قويۇپ بېرەي» دېسە، بەزىلىرى ئۇلارنىڭ سۆزىنى
ماقۇل كۆرمەي، ئۆلۈمنى لايىق كۆرۈپ ئۆلۈپ كەتتى. بەزىلىرى 100 تەڭگىدىن
تارتىپ ئەقەللى بىر تەڭگىگىچە پۇل بېرىپ قۇتۇلۇپ قالدى. بەزىلىرى «ھازىر
يوق ئىدى، ئۆيۈمدىن ئېلىپ كېلىپ بېرەي ياكى تېپىپ كېيىن بېرەي» دېسىمۇ
نېسىگە ماقۇل دەپ قويۇپ بەردى. ياقۇپبەگنىڭ ئادەملىرى تۆت تاش، بەش تاش
يىراقلىقتىكى يېزىلارغا بېرىپ، بۇلاپ، تالان-تاراج قىلىپ قايتىپ كەلدى.
مۇشۇ ھال، مۇشۇ يوسۇندا ئۆلۈمنىڭ بازىرى ئۈچ كېچە-كۈندۈز بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ
ئۇزۇنراق ۋاقىت تازا قىزىدى. خوتەن خەلقى پۈتۈنلەي ۋەيرانلىق، سەرسانلىققا
يۈز تۇتتى. مۇشۇ چاغدا «قەتلىئام توختىتىلسۇن!» دېگەن پەرمان چۈشۈرۈلۈپ
قىرغىنچىلىق پەسەيدى. شۇنىڭغىچە ئەجەل چاڭگال سالغانلىرى كەتتى، قالغانلىرى
قۇتۇلۇپ قالدى.
تارىخ كىتابلىرىدا: «بىر جايدا بىر تۈمەن (10 مىڭ) ئادەم ئۆلسە بىر مۇردا
(بىر ئۆلۈك) قولىنى كۆتۈرىدۇ. ئىككى تۈمەن ئادەم ئۆلسە ئىككى مۇردا قولىنى
كۆتۈرىدۇ. ئەگەر 10 تۈمەن ئادەم ئۆلسە بىر مۇردا ئورنىدىن دەس قوپىدۇ» دەپ
يېزىلىپتۇ. شۇ چاغدا خوتەندە تۆت ئۆلۈك قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرگەنىكەن.
دېمەك، شۇ قېتىم 4 تۈمەن (40 مىڭ) ئادەم ھالاك بولغان بولسا كېرەك.
بەدۆلەت ئاتىلىق غازى مۇشۇنداق چارە ۋە تەدبىر قوللانمىغان بولسا خوتەننىڭ
ئېلىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ھاجى پادىشاھقا خوتەن ئەھلى، پۇقرا ۋە
رەئىيەلەرنىڭ ئەقىدە-ئىخلاسلىرى ھەددىدىن زىيادە ئىدى.
شۇنداق قىلىپ ياقۇپبەگنىڭ ئادەملىرى قەتلىئامنى توختىتىپ، ھاجى پادىشاھنىڭ
خەزىنە-دەپنىلىرىنى رويخەتكە ئېلىپ ئاتىلىق غازىنىڭ خەزىنە ئالىيلىرىغا
تاپشۇردى. ھاجى پادىشاھنىڭ خەزىنىلىرى قورال-ياراق، ئەسلىھەلىرى ناھايىتى
نۇرغۇن ئىكەن. تىللا، يامبۇ، كۈمۈشتىن باشقا 16 قاپ رەگ ئالتۇن
توپلىغانىكەن. يىگىت، لەشكەرلەرگىمۇ تۈزۈككىنە بىر نەرسە بەرمەي، ئۆزى ۋە
بالا-چاقىلىرىغىمۇ پادىشاھلىق ھەققىدىن بىر نەرسە خىراجەت قىلماي يىغىپ
قويغانىكەن. ھاجى پادىشاھ ئىككى يېرىم يىل پادىشاھ بولغان بولسىمۇ،
ئاشخانىلىرىغا ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان يەر-زېمىندىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنى
ئىشلىتىپ، ئاشقىنىنى سېتىپ پۇلىغا ئۆزى، بالا-چاقىلىرى كىيىم-كېچەك قىلىپ
كىيگەنىكەن. ئەزەلدىن سېتىپ ئالغان قۇللىرى تېرىپ، تىكىپ تەييار قىلىپ
تاپشۇرغان مەھسۇلاتلارنى سەرپ-خىراجەت قىلىدىكەن. يۇرتتىن شەرىئەتكە
مۇۋاپىق ئېلىنغان باج ياكى بۇرۇنقى ھۆكۈمدار بەگلەردىن ئولجا تەرىقىسىدە
قولغا چۈشكەن پۇل-ماللارنى بىر-بىرلەپ خەتلەپ، زايە قىلماي خەزىنىلىرىدە
ساقلىغانىكەن.
ئاتىلىق غازى بۇنداق ۋەقەلەرنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ: «ھاجى پادىشاھنى مەن
ئاتام دەپ ئاتاپ ئۆزۈمگە ئاتا تۇتقانىدىم. راستىنلا ماڭا ئاتا بولغۇچىلىكى
بارئىكەن»، دەپ ئاپىرىن ئوقۇدى. بولۇپمۇ 400 نار تۆگىنىڭ چوم، توقۇم،
نوختا-چۇلۋۇرلىرىنى يىپەك-مەشۇتتىن، بوينىغا ئاسقان بويۇندۇق پۆپۈكلىرىنى
موۋۇتتىن ياساپ جابدۇغانىكەن. بۇ دىياردا ھېچقاچان، ھېچ كىشى تۆگىلەرنى
مۇنداق ياساپ جابدۇمىغانىكەن. بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەنلەر ھەيران قالدى. بۇ
تۆگىلەرمۇ ئاتىلىق غازىنىڭ قولىغا چۈشتى. ھاجى پادىشاھنىڭ
خەزىنە-دەپنىلىرىنى مۇشۇ تۆگىلەرگە ئارتىپ قەشقەرگە ئېلىپ كەتتى.
نەزم
شاھقا ئەگەر بولسىلەر دۆلەت بەخت يار،
بولۇر پەتھ نۇسرەتلەر شاھقا دۇچار .
ئەمىر لەشكەر، پانسات ۋە ئادەتتىكى يىگىت-سەرۋازلارنىڭ ھەممىسىگە تولۇق
يېتىپ ئاشقۇدەك ئىنئام ۋە ئېھسانلارنى بېرىپ رازى قىلىپ ھاجەتتىن چىقاردى.
خوتەندە ياتقان شېھىت، مازار-ماشايىخلارغا ئىشەنچلىك كىشىلەرنى تەيىنلەپ،
كالا-قوي، ئۇن-گۈرۈچ، تىللا-پۇل ئەۋەتىپ، كەڭرى نەزىر-نۇزۇراتلارنى قىلىپ
ئاچ-يالىڭاچلارنى تويغۇزدى. خەتمە قۇرئان ئوقۇتۇپ، ساۋابىنى مازارلارنىڭ
روھلىرىغا بېغىشلىدى. غېرىب-غۇرۋا، تۇل-يېتىملارنى يوقلاپ، ئۇلارغا
تون-سەرۇپاي، كىيىم-كېچە، پۇل-تىللالارنى سەدىقە قىلىپ دۇئالىرىنى ئالدى.
بۇ ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن يەكەنلىك نىياز ئىشىكئاغا بەگ دېگەن كىشىنى
خوتەننىڭ مۇستەقىل ھاكىمى قىلىپ، خوتەنگە تەۋە ئالتە شەھەرنى 40 كۈنلۈك
يىراقلىقتىكى يېزا-قىشلاقلىرى بىلەن قوشۇپ ئىدارە قىلىشنى مەرھەمەت قىلدى.
ئاتىلىق غازىنىڭ نىيازبەگكە بۇ قەدەرت مەرھەمەت ۋە مېھرىبانلىق قىلىشىدا
سەۋەب بار ئىدى. ئالدىنقى نۆۋەتتە ئاتىلىق غازى يەكەنگە كېلىپ ھامىددىن
خوجا بىلەن ئۇرۇشۇپ تەڭ كېلەلمەي يېڭىلىپ، چېدىر-بارگاھلىرىنىڭ قالغىنىغا
قارىماي قەشقەرگە قاراپ قېچىپ كەتكەنىدى. شۇ چاغدا نىياز بەگ ئارقىسىدىن
قوغلاپ يېتىپ بېرىپ ئىككى تاش مىقدارى يەرگىچە ئاتىلىق غازى بىلەن ئات
ئۈستىدە يانمۇيان مېڭىپ نۇرغۇن تەسەللى ئېيتىپ، كۆپ مەسلىھەت تەدبىرلەرنى
سەمىگە سېلىپ مۇڭداشقانىدى. ئاتىلىق غازىنىڭ غەرىزى بىر نېمە قىلىپ
نىيازبەگنى قەشقەرگە بىللە ئەكېتىش ئىدى. بۇنى سېزىپ قالغان نىيازبەگ
ئېتىنى سۇغارغان بولۇپ ئايرىلىپ قېلىپ، ئارقىسىغا يېنىپ ئېتىنى قامچىلاپ
يەكەنگە قېچىپ كەتكەنىدى. ئاتىلىق غازى: «نىياز بەگ ناھايىتى ھوشيار ئادەم
ئىكەن. بىزنىڭ يۈز-خاتىرىمىزنى قىلىپ بۇ يەرگىچە بىللە كەلدى. يەكەندىكى
بالا-چاقىلىرىدىن ئەندىشە قىلىپ ئارقىسىغا ياندى. قولىدىن ئىش كېلىدىغان
ياراملىق كىشى ئىكەن»، دەپ ئاپىرىن ئوقۇپ، ياقتۇرۇپ قالغانىدى؛ يەنە بىرى،
تۇڭگانلار ئىسھاق خوجا بىلەن بىرلىشىپ 8000 لەشكەر ئەۋەتىپ، بىر كېچىدە
تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلماقچى بولغاندا نىياز بەگ ئاتىلىق غازىغا مەخپىي ئادەم
ئەۋەتىپ «پالان كېچىسى 8000 لەشكەر ھۇجۇم قىلماقچى، بۇنىڭ چارە-تەدبىرىنى
قىلسىلا، بۇنىڭدىن زىيادە خىزمەت مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ» دەپ خەۋەر
يەتكۈزگەنىدى. شۇ چاغدا ئاتىلىق غازى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاچقا تاقابىل
تۇرۇشنىڭ تەدبىرىنى ئويلاپ كۆرۈپ، لاچىندەك ھوشيار تۇرغانلىقتىن غەلىبە
قازانغانىدى. بۇ ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتۈلدى؛ يەنە
بىر سەۋەب، نىياز بەگ بىلەن ئاتىلىق غازى چارە-تەدبىردە كەسىپداش،
ھىيلە-مىكىردە ساۋاقداش ئىدى. دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشتىكى نەيرەڭۋازلىقى
بىر-بىرىدىن پەرقلەنمەيتتى. يۇلتۇزلىرى پەلەكنىڭ بىر بۇرجىكىدىن چىققان،
بەخت تەلەيلىرى باراۋەرلىكتە بىر جايدىن ئورۇن تۇتقانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن
نىياز بەگكە خوتەننى ئالتە شەھىرى بىلەن قوشۇپ بىر يولى ئىلتىپات
قىلىۋەتتى. قانداق ئىدارە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېغىزىغا ئېلىپ سۈرۈشتۈرۈپمۇ
قويمىدى. بەلكى كۆڭلىگىمۇ كەلتۈرمىدى. خوتەن ئالتە شەھەرنىڭ ئىختىيارى
پۈتۈنلەي نىياز بەگنىڭ قولىدا بولدى. بۇنىڭلىق بىلەن نىياز بەگنىڭ ئاتىلىق
غازىغا قارىتا نىيەتلىرى توغرا دېگىلى بولمايتتى. ئاخىر يامان
ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە نىياز بەگنىڭ ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەسلىكى سەۋەب
بولدى. ئۇلۇغ تەڭرى مەدەت بەرسە، بۇ ئەھۋاللار كېيىن بايان قىلىنىدۇ.
گەپنىڭ قىسقىسى شۇكى، نىياز بەگكە خوتەننى مەرھەمەت قىلىش بىلەن خالمان
پاناساتنى لەشكەر قوماندانى، موللاجى تۇراپنى ئەسكەرلەرنىڭ قازىسى قىلىپ
تەيىنلىدى. ھاجى پادىشاھنىڭ لەشكەر باشلىقى ۋە قازى لەشكىرىنى تۇتۇپ ئازاب
ۋە قىيىن-قىستاققا مۇپتىلا قىلدى. بۇ چاغ ھىجرىيىنىڭ 1283- يىلى (قوي
يىلى)، شەۋۋال ئېيىنىڭ 18- كۈنى ئىدى.
ئاتىلىق غازى پۈتۈن ئەركان دۆلەت بىلەن پايتەخت قەشقەرگە قاراپ يۈزلىنىپ
تۆت مەنزىل يول يۈرگەندىن كېيىن ئېزىز جاللاتنى يوقاتتى. بۇنىڭ سەۋەبى
شۇكى، ئاتىلىق غازى خوتەن شەھىرىگە ھاجى پادىشاھنىڭ خەزىنىلىرىنى قولغا
كىرگۈزۈپ مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ھەممىدىن ئىلگىرى ئېزىز جاللاتنى
كىرگۈزگەنىدى. ئۇ لەشكەرلەرگە بېرىلىدىغان تەمىناتتىن خىيانەت قىلىپ 200
يامبۇ جۇغلىغانىكەن. يەنە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاتىلىق غازىغا قارىتا نىيىتى
بۇزۇلۇپ بۇزرۇكخان تۆرەمنى ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىدا تۇتۇشقا دالالەت
قىلغانىدى.
ئېزىز جاللاتنى جاللات دېمەكنىڭ سەۋەبى شۇ ئىدىكى، ئاتىلىق غازىدىن خېلى
بۇرۇن ۋەلىخان تۆرەم قەشقەرگە كېلىپ مۇھاسىرە قىلىپ ئادەم كاللىسى بىلەن
مۇنار قوپارغان چاغدا، ئېزىزبەگ جاللات بولغانىكەن. ئۇ ئاتىلىق غازى بىلەن
بۇزرۇكخان تۆرەم دەسلەپ قەشقەرگە قاراپ يۈرۈش قىلغاندا، ئوشتىن قوشۇلۇپ
بىللە كېلىپ خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئەسلى يېڭىسارلىق كىشى ئىدى. نىيەتنى
بۇزۇپ يامان ئىش قىلىۋىدى، ئاخىر جازاسىنى تارتتى. ھەر قانداق بىر كىشى بۇ
ئالەمنىڭ ئېتىزلىقىغا مەيلى ياخشىلىق ياكى يامانلىقنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىغان
بولسا، بۇ ئالەمدە ئۇنىڭ ھوسۇلىنى كۆرمەي، لەززىتىنى تېتىماي ئۇ ئالەمگە
كەتمەيدۇ.
ئۇلۇغ تەڭرىم! ئۆز سېخىيلىقىڭ ۋە ئىلتىپاتىڭ بىلەن ھەممە بەندىلىرىڭنى
راست، توغرا يولغا باشلاپ، ئەگرى ۋە يامان يوللاردىن ساقلىغايسەن. ئۇلارنى
ئادالىتىڭنىڭ سايىسى ۋە ھىمايىسىدە مۇھاپىزەت قىلغايسەن، ئامىن! ئىككى
ئالەمنىڭ پەيغەمبىرى ― مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەققى-ھۈرمىتىدىن
بەندىلىرىڭنىڭ دۇئا ۋە تىلەكلىرىنى ئىجابەت قىلغايسەن.
5
ھاجى
پادىشاھنىڭ ئەھۋالى بىر نەچچە ۋەقەلەر
ھاجى
پادىشاھنىڭ ئەسلى ئىسمى موللا ھەبىبۇللاھ مۇپتى بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىدىن
تارتىپ خوتەن ۋىلايىتىدە شەرىئەت خىزمىتىدە ئەمەلدار بولۇپ، شەرىئەت
ھۆكمىنى ئىجرا قىلىپ، ئۇنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كەلگەن كىشىلەر
ئىدى. ئۆزى بولسا ئالىم، ئېھتىياتچان، ئادىل، ئۆمۈر بويى تەرەتسىز يەرگە
دەسسىمىگەن، مەيلى شەھەردە ياكى سەپەردە بولسۇن ناماز ۋە ئىبادەتنى
تاشلىمىغان، يېرىم كېچىدىن كېيىن كۆز يۇمۇپ ئۇخلىمايدىغان كىشى ئىدى.
«ئۆزۈم ئەمگەك قىلىپ ھالال يەيمەن» دەپ ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان زېمىننى
ئۆزى كەتمەن چېپىپ تېرىپ، ئۆزى يىغىپ ئۇنىڭ ھوسۇلىنى يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا
ئېھتىياجقا سەرپ قىلاتتى. مەيلى ئەمەلدار، ئاخۇن، بەگ ياكى پۇقرا بولسۇن
ئۇلارنىڭ چاي-نانلىرىنى ئىچمەيتتى ۋە يېمەيتتى. بىر يەرگە بارسا، بىر
خىزمەتچى بىر چۆگۈن چاينى كۆتۈرۈپ بىللە باراتتى. شۇ چاينى ئىچىپ ئۆز
نېنىنى يەپ قايتىپ كېلەتتى.
بىر
چاغلاردا ھاجى پادىشاھ بىر سەۋەب بىلەن ئاقسۇغا بارغان بولۇپ، ئۇ يەردە
موللا، ئاخۇن، بەگ، يۇرت چوڭلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە پاتىھە ئوقۇپتۇ. ئۆزى بىر
چۆگۈن چاينى كۆتۈرۈپ بېرىپ شۇ چاينى ئىچىپ دۇئا قىلىپ يېنىپتۇ. شۇ زاماندا
ئاقسۇدا ئىشانجان ھەزرىتىمنىڭ خەلىپە لىرىدىن ئاقسۇلۇق ھادى خەلىپەم
ھەممىگە پېشىۋا ئىكەن. ھاجى پادىشاھ ھادى خەلىپەمنىڭ ئۆيىگە پاتىھەگە
بارغاندا، ئۆزىنىڭ چېيىنى ئىچىپ ھادى خەلىپەمنىڭ چېيىنى ئىچمەپتۇ. كېيىن
بەزىلەر: «ھادى خەلىپەم پەرھىزكار، ئېھتىياتچان، تەقۋادار كىشى تۇرسا، نېمە
ئۈچۈن چېيىنى ئىچمىدىلە؟» دەپ سورىغاندا، ھاجى پادىشاھ: «سىلەرنىڭ
دېگىنىڭلار راست. ھادى خەلىپەم تەقۋادار كىشى ئىكەن. ئەمما ئۆزى
پېشانىسىدىن تەر چىقىرىپ، كەتمەن چېپىپ ئۇنىڭ ھوسۇلىنى يېمەيدىكەن، ھەر
قانداق ئادەم نەزىر، ئۆشرە-زاكات، دەپ بىرەر نەرسە ئەكىلىپ بەرسە شۇنى
ئاشخانىلىرىغا سەرپ قىلىدىكەن. كىشىلەرنىڭ نەزىرىسىگە قاراپ تۇرغان ئادەم
تەمەدىن خالىي بولالمايدۇ. يەنە بىرى، ھادى خەلىپەم ئۆزىمۇ ئۆشرە-زاكات
بەرمەك ۋاجىب ۋە زۆرۈر بولغان كىشى. ئۆشرە-زاكات بەرمەك ۋاجىب بولغان
كىشىنىڭ باشقىلار بەرگەن ئۆشرە-زاكاتنى يېيىشى توغرا ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن
چېيىنى ئىچمەي ئۆز چېيىمنى ئىچتىم»، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان
كىشىلەر ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. لېكىن ئۇ ئۆزى تەر تۆكۈپ ھوسۇل ئالغان ۋە
ئۆشرە-زاكاتلىرىنى شەرىئەتكە مۇۋاپىق ئايرىپ بەرگەن دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە
ئاش-تاماق بولسا ھېچبىر ئىككىلەنمەيلا يەۋېرىدىكەن.
ھاجى
پادىشاھ مۇپتى بولۇپ تۇرغان چاغلىرىدا ھەج قىلىش نىيىتىگە كېلىپ، مۇپتىلىق
ئەمىلىدىن ئىستېپا سوراپ بىكار بولىدۇ. ئاندىن ھەرەمگە بېرىپ ھاجى بولۇپ
ئىككى ھەرەم دە يەتتە يىل تۇرۇپ ئىبادەت قىلىدۇ.
ھاجى
پادىشاھ ھەرەمدىن قايتىش سەپىرىدە نۇرغۇن شەھەرلەرگە بېرىپ سەيلە-تاماشا
قىلغاچ، مازار-ماشايىخ، ئۆلىما، پازىل، ئۇلۇغ كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ
دۇئاسىنى ئېلىپ ئۆز ۋەتىنى خوتەنگە قايتىپ كېلىدۇ.
دەل
مۇشۇ چاغلاردا كۇچالىق غوجىلار قوزغىلىپ ئىسلام ئېچىپ ھاكىمىيەتنى
تارتىۋالىدۇ. جامدا بولغان جەڭدە كۇچالىق خوجىلار خاقان چېرىكلىرىگە تەڭ
كېلەلمەي مەغلۇب بولىدۇ. مەغلۇب بولغانلار قاتارىدا خوتەننىڭ ھاكىمى ئېلىش
ھاكىم بەگنىڭ ئوغلى تۆمۈر خەزىنىچى بەگمۇ بولۇپ، ئۇ خوتەنگە قېچىپ
كەلگەنىدى. خوتەن خەلقى كۇچادا بولغان ۋەقەلەرنى تۆمۈر خەزىنىچى بەگدىن
ئاڭلاپ ئۇلارمۇ ئىسلام ئاچماقچى بولىدۇ. نەتىجىدە تەشكىللىنىپ قوزغىلىپ
كاپىرلارنى يوقىتىدۇ. يۇرت خەلقى، كىمنى باش قىلىمىز، دەپ مەسلىھەتلىشىپ
ئاقىۋەت ھەبىبۇللاھ ھاجى مۇپتىنى پادىشاھ قىلىشقا قارار قىلىدۇ. بۇرۇن
ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ رەسىم-قائىدىلىرى بويىچە ھەبىبۇللاھ ھاجىنى ئاق كىگىز
ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ كۆتۈرۈپ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن
ھاجى پادىشاھ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ ھۆكۈم سۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ
ئاسايىشلىقىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۇرغان چاغدا، يەكەندىكى شەيخ خوجا
ھاجى خەزىنىچى بەگنى قاتتىق سۆزلەر يېزىلغان خەت بىلەن نۇرغۇن لەشكەر ۋە
تۇڭگانلارنى قوشۇپ ھاجى پادىشاھنىڭ ئۈستىگە ― خوتەنگە ئەۋەتىدۇ. شەيخ
خوجىنىڭ خېتى ھاجى پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە ئېغىر كېلىپ، نۇرغۇن لەشكەر بىلەن
ئوغلى ئابدۇراھمان خان سودۇرنى ئۇلارغا قارشى چىقىرىدۇ. ئوتتۇرىدا نۇرغۇن
جېدەل-ماجىرالار بولۇپ كەلگەن لەشكەرلەر مەغلۇپ بولىدۇ. كۆپ ئادەملەر چىقىم
بولىدۇ ۋە ئابدۇراھمان خان سودۇرغا ئوق تېگىپ ۋاپات بولىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن ھاجى پادىشاھ: «ئىنساب بىلەن ئېيتقاندا، بۇ يۇرتلاردا
ئىسلامنىڭ جارى بولۇشىغا، بۇنداق كاتتا بەخت-دۆلەتكە مۇيەسسەر بولۇشىمىزغا
كۇچالىق غوجاملار سەۋەب بولغانىدى. كۇچالىق غوجاملار ئىسلام ئاچمىغان
بولسا، بىزنىڭ ھەددىمىز ئەمەس ئىدى. ئەمما يەكەندىكى شەيخ خوجا خاقانى
چىننىڭ ئوبدان، تىنچ پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرۈپ، يامان ئادەملەر بىلەن شېرىك
بولۇپ يۇرت سوراپتۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن شەيخ خوجىغا ئىشەنچ قىلالماي
بويسۇنمىدىم» دېگەن مەزمۇندا نۇرغۇن سۆزلەرنى يېزىپ، ئەھمەد مىراپ بەگ
باشلىق 50 نەچچە ئادەمنى خەت ۋە نۇرغۇن تارتۇق-پىشكەشلەر بىلەن كۇچادىكى
راشىددىن خان خوجامنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىدۇ. ئەمما راشىددىن خان خوجام بۇلارنى
قوبۇل قىلمايدۇ.
بۇ
ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، ھاجى پادىشاھ ئوغلى ئابدۇراھمان خاننى نۇرغۇن
قىممەت باھالىق تارتۇق-پىشكەشلەر بىلەن مەدەت ۋە ياردەم تىلەپ قوقەن خانى
خۇدايارخاننىڭ ھۇزۇرىغا ئەۋەتكەنىدى. ئابدۇراھمان خان قوقەنگە يېتىپ
بارغاندىن كېيىن خۇدايارخان ئىززەت-ئىكرام بىلەن قوبۇل قىلىپ بىر نەچچە كۈن
تۇرغۇزۇپ زىياپەت ۋە مېھماندارچىلىقلارنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئابدۇراھمان
خانغا «سودۇر»لۇق مەنسىپىنى مەرھەمەت قىلىپ ئات-ياراق ۋە يارلىقلارنى
بەردى. بىللە بارغان ئادەملىرىگە تون-سەرۇپاي، تەڭگە-تىللا ئىنئام قىلدى.
ھاجى پادىشاھقىمۇ ھەم ئۆز لايىقىدا شاھانە سەرۇپاي، سەللە-كۇلا،
ياراق-ئەسلىھەلەرنى سوۋغات قىلدى. مىربابا دادخاھنى ئەمىرلەشكەر قىلىپ 200
يىگىتنى قوشۇپ، مىرزا بابا بەگ ھېسارىنى مىرزا بېشى (باش كاتىب) قىلىپ، 50
يىگىتنى قوشۇپ ئابدۇراھمان سودۇر خانغا ھەمراھ قىلىپ خوتەنگە ئۇزىتىپ
قويدى. بۇلار قەشقەرگە كەلسە ياقۇپبەگ قوشبېگى يەكەندە ھامىددىن خوجام
بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقان چاغ ئىكەن. ئابدۇراھمان سودۇرخان يەكەندە قوشبېگى بىلەن
كۆرۈشتى. قوشبېگى مىربابا دادخاھنى يىگىتلىرى بىلەن ۋە مىرزابابا بەگنىڭ
يىگىتلىرىنى ئېلىپ قېلىپ، پەقەت مىرزابابا بەگنى ئىككى ئادىمى بىلەن
ئابدۇراھمان خانغا قوشۇپ قوقەندىن ئېلىپ كەلگەن يارلىق ۋە
سوۋغا-سالاملىرىنى ئۆزلىرىگە بېرىپ خوتەنگە يولغا سالدى.
مىرزابابابەگ خوتەنگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ھاجى پادىشاھ ئۇنى ياخشى قارشى
ئالدى. مۇناسىپ جاي تەيىنلەپ چۈشۈرۈپ ھەر كۈنلۈك تەمىناتىنى بېكىتتى.
ئىززەت-ئىكرامنى بەجا كەلتۈرۈپ ئوبدان يەردىن ئۆيلەپ قويدى ۋە ئۈلپەت بولۇپ
ياخشى ئۆتتى.
ھاجى
پادىشاھ تەختكە چىققاندىن كېيىن قەدىمكى خىتاي شەھىرىنى ئەسكەرخانا قىلىپ
ئۆزىگە كاتتا ئالىي ئوردا بىنا قىلدۇردى. مەسجىد، خانىقالارنى ياساتتى.
شەھەر ۋە سەھرالاردىكى چوڭ-كىچىك، ئەر-خوتۇنلارغا، پۈتۈن خوتەن ئەھلىگە
شەرىئەت ھۆكمىنى جارى قىلدى. 10 كىشىگە بىر كىشىنى ئۇستاز قىلىپ بەلگىلەپ،
خۇدانىڭ بىرلىك سۈپەتلىرىنى ھەم 99 پەرز، ناماز، روزا، زاكات، ھەج، ئىلمى
ھەيز-نىفاس قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەلىم بېرىپ ئوقۇتۇپ ياد ئالدۇردى. بۇ
ھەقتە كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. 7 ياشتىن 70 ياشقىچە پۈتۈن خوتەن
خەلقى خۇددى مەكتەپ بالىلىرىغا ئوخشاش ساۋاق ۋە مەسىلىلەرنى تەكرارلايتتى.
ھاجى
پادىشاھ ھەر جۈمە كۈنى ئۆزىنى تەختىراۋاندا كۆتۈرتۈپ جۈمە نامىزىنى ئوقۇش
ئۈچۈن چوڭ مەسجىدكە باراتتى. نامازغا تۇرغان چاغدا ئىككى تەرىپىدە ئالتىدىن
12 ياساۋۇل چوڭ قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ ھازىرلا بىر ئادەمنى
چېپىۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا ئۆرە تۇراتتى. ياساۋۇللار رۇكۇ ۋە سەجدە قىلماي
نامىزىنى ئىما-ئىشارەت بىلەن ئوقۇيتتى. ھاجى پادىشاھنىڭ مۇنداق قىلىشى،
ناماز ئۈستىدە بىرەر دۈشمەن قەست قىلىپ زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ قويمىسۇن،
دەپ ئېھتىيات قىلغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭغا دىققەت قىلماق لازىمكى،
شۇنداق ئېھتىياتكار پادىشاھ ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ بارگاھلىرىغا ئۆز
ئايىغى بىلەن بېرىپ قانداق بالا ۋە ئاپەتلەرگە دۇچار بولغانلىقى يۇقىرىدا
بايان قىلىندى.
ھاجى
پادىشاھ خوتەننى «مىسىر» دەپ ھۆكۈم قىلپ، ئىككى رەكئەت جۈمە نامىزىنىلا
ئوقۇيتتى. ئېھتىيات ئۈچۈن، ئوقۇلىدىغان پېشىن ۋە سۈننەت نامازلىرىنى
ئوقۇمايتتى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر تەرىپىگە «لا ئىلاھە ئىللەللاھ،
مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» يەنە بىر تەرىپىگە «زەربى خوتەن لەتىپ» دېگەن خەت
ئويۇلغان بىر مىسقاللىق ئاق تەڭگە (كۈمۈش پۇل) سوقتۇرۇپ تارقاتتى.
ئوغرىلىق قىلغان كىشى تۇتۇلۇپ قالسا، ھايال قىلماي ئۆلتۈرەتتى. بۇ توغرىدا
مۇنداق مىساللارمۇ بار، بىر ئادەم سەھرادا بىر كەتمەننى ئوغرىلاپ تۇتۇلۇپ
قالىدۇ. بۇ ئوغرىغا ھاجى پادىشاھ مۇنداق جازا بېرىدۇ. يوغان زەمبىرەكنى
ئاغزىنى ئاسمانغا قارىتىپ يەرگە كۆمىدۇ. زەمبىرەكنىڭ ئىچىگە دورا قۇيۇپ
بەتلەپ، ئوغرىنى زەمبىرەكنىڭ ئاغزىدا ئولتۇرغۇزۇپ زەمبىرەكنىڭ پىلتىسىگە
ئوت ياقىدۇ. ئوغرى دورىنىڭ كۈچى بىلەن ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ خالايىقنىڭ كۆزىدىن
غايىب بولىدۇ. بىر مەھەلدىن كېيىن تۆت پارچە بولۇپ يەرگە چۈشىدۇ. شۇ چاغ
جۈمە كۈنى بولغاچقا نۇرغۇن خالايىق بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ يۈرەكلىرى قېپىدىن
چىقىپ تىترىشىپ كېتىدۇ. يەنە بىر ئادەم سەھرادا قوناقلىقتىن ئالتە باش
چۈرۈچ قوناق (كۆكباش) ئۈزۈپ ئالغانىكەن. بۇ ئادەمنى ئەكەلدۈرۈپ، سوراپ
ئىقرار قىلدۇرغاندىن كېيىن دارغا ئاسىدۇ. ئازغىنا گۇناھ بىلەن بىرەر
ئادەمنىڭ خۇنىنى تۆكمەك ھاجى پادىشاھقا ھېچ گەپ ئەمەس ئىدى. ئۇ ئەسلىدە
ئادەم ئۆلتۈرۈشنى خىيال قىلمايتتى. ئەمما ئۆزى قېرى بولغاچقا ئاغزىدا بىر
تال چىشى يوق ئىدى. ئۇ لېۋىنى شۇنداق چىشلىگەن ھامان ھەر قانداق ئادەم
بولسىمۇ ھايال قىلماي يوق قىلىناتتى.
ھاجى
پادىشاھ: «سەھرا-سەھرالاردا دېھقانچىلىق قىلىۋاتقان كىشىلەر ئېتىزلىققا
ئىشلەتكەن كەتمەن، ئورغاق قاتارلىق ئەسۋابلىرىنى تاشلاپ قويۇپ قايتىپ كېتىپ
ئەتىسى يەنە بېرىپ شۇ جايدىن ئىشلەتسۇن. پۇقرالار كېچىسى ئىشىكلىرىنى ئوچۇق
قويۇپ ياتسۇن. دۇكاندارلارنى دۇكانلىرىنى ئەتمىسۇن» دەپ يارلىق قىلدى.
مەملىكەتنى ئىدارە قىلىش سىياسەتلىرىنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتتى. ئەگەر بۇ خىل
ئەھۋاللارنى بىر-بىرلەپ تەپسىلاتى بىلەن بايان قىلساق، ئوقۇغۇچى ۋە
ئىشتكۈچىلەرگە مالاللىق يېتىشى مۇمكىن.
خوتەن ئەھلىنىڭ بېشىغا يۇقىرىقى ھادىسىلەر كېلىشتىن ئىككى ئايچە ئىلگىرى
بىر كېچىدە ھاجى پادىشاھنىڭ چۈشى بوزۇلۇپ قورقۇپ ئويغىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ
كەتتى. تاڭ ئېتىشى بىلەن سالام رەسمىيەتلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن مۆتىۋەر،
ئۆلىمالارنى قىچقىرىپ:
―
بۈگۈن كېچە خوتەن خەلقىنىڭ باشلىرى يوق، تەنلىرى بار چۈش كۆردۈم. بۇنىڭ
تەبىرى قانداق؟ ― دەپ كۆرگەن چۈشىنى بايان قىلدى. ھەممە ھەيران بولۇپ
تەپەككۇر بىلەن بىر نەرسە دېيەلمەي تۇرغاندا، ھاجى پادىشاھ ئۆزى:
― بۇ
چۈشۈمنىڭ تەبىرى ― خوتەن ئەتراپىدىكى تامامى مېۋىلىك-مېۋىسىز دەرەخلەرنى
ئادەم بويى قويۇپ، ئۈستىنى كېسىپ كاللەكلىۋېتىلسۇن. بەلكى تەبىرى شۇ
بولغاي، ― دەپ ھۆكۈم قىلدى. بارلىق ئۆلىما، پازىللار ھاجى پادىشاھنىڭ
پاراسىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپ ھۆكۈمنى ئىجرا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خوتەن
ئەتراپىدىكى مېۋىلىك-مېۋىسىز دەرەخلەرنى ئادەم بويى مىقدارى قويۇپ ئۈستىنى
كېسىپ كاللەكلىۋەتتى.
ئەمما ھاجى پادىشاھنىڭ بۇ خىل تەبىر ۋە تەدبىرلىرى، تەقدىرگە مۇۋاپىق
كەلمەي ھاجى پادىشاھ ۋە خوتەن ئەھلىنىڭ باش-كاللىلىرىغا قانداق بالا ۋە
ھادىسىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى يۇقىرىدا ئازغىنا بولسىمۇ بايان قىلدۇق.
ھاجى
پادىشاھنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى دەرۋىشلىكنى كەسىپ قىلىپ، پەرھىزكار ئاتىلىپ
ھەممىگە پېشىۋا ۋە مۇقتەدا بولغانىدى. يۇرتدارچىلىق ۋە سىپاگەرچىلىك
ئىلمىدىن بىخەۋەر ئىدى. يەنە بىرى دەرۋىشلىك بىلەن سىپاگەرچىلىك بىر-بىرى
بىلەن چىقىشالمايدىغان ئىش ئىدى. بۇرۇندىن تارتىپ بىرەر پادىشاھنىڭ
خىزمىتىدە مۇلازىم بولۇپ سىپاگەرچىلىك ئىشىدىن تەجرىبە ھاسىل قىلغان بولسا،
بەلكى بۇ ھادىسىلەرگە بىرەر ئىلاج ۋە تەدبىر قىلغان بولاتتى.
تارىخ كىتابلىرىدا شۇنداق يېزىلغان: ئىلگىرىكى زامانلاردىمۇ، بۇرۇندىن
تارتىپ ئۇلۇغ بولۇپ تەجرىبە ھاسىل قىلىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن
كىشىلەرنى ياكى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى تېپىپ پادىشاھلىق تەختىدە
ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ بويسۇنۇپ كەلگەنىكەن. ئۇلارنىڭ شەراپەت
ۋە تەسىرىدىن پۇقرالارغا خاتىرجەملىك ۋە ئىتتىپاقلىق ھاسىل بولغان ۋە
پادىشاھنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىمۇ ئۇزۇن زامان جارى بولغانىكەن. ئۇلارنىڭ
ئەۋلادلىرى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى پېقىرلىق، ئاجىزلىق كوچىسىغا كىرىپ
قالغان بولسىمۇ، بىرەر ھاكىمىيەت ۋە دۆلەتنىڭ بېشىغا چىقسىلا يۇرتدارلىق
ئىشىنى ئوڭ-تەتۈر قىلماي دەل ئۆز جايىغا كەلتۈرىدىكەن ۋە باشقۇرۇپ
كېتەلەيدىكەن.
«ھەر
قانداق شەيئى ئۆز ئەسلىگە تارتىدۇ»، دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنى مۇشۇنداق
كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا تەتبىق قىلىنسا مۇۋاپىق بولىدۇ. كونىلارنىڭ: «ئوۋنى
ئوۋچى بىلەن ئوۋلا»، دېگەن سۆزىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا قارىتىپ ئېيتىلغان
بولۇشى مۇمكىن. كىچىك بالىلار «دۈم-دۈم» ئويۇنى ئوينىغان چاغدا «ئاتاڭ نېمە
ئىش قىلىدۇ؟» دېسە «دېھقانچىلىق قىلىدۇ» دەپ جاۋاب بەرسە، «بېرىپ
دېھقانچىلىق قىل» دەيدۇ. ئەگەر «ئاتام تۆمۈرچىلىك قىلىدۇ» دەپ جاۋاب بەرسە،
«بېرىپ تۆمۈرچىلىك قىل» دەيدۇ. بۇ ھەرگىز بىكار ئېيتىلغان سۆز ئەمەس.
بۇنىڭدىن شۇ نەرسە مەلۇمكى، ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ
كەسپ-ھۈنەرلىرىنى ئۆزىگە مۇۋاپىق كۆرۈپ، شۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىشى، تەڭرى
بەرگە نازۇ-نېمەتلەرنىڭ شۈكرانىسىنى بەجە كەلتۈرۈپ، ئۆز دەرىجىسىنى ۋە
ئورنىدىن ئارتۇق ئىشلارغا قەدەم تاشلاشتىن ۋە ئۆز ھالىغا مۇناسىپ بولمىغان
سۆزلەرنى سۆزلىمەكتىن ساقلىنىشى ۋە ئېھتىيات قىلىشى لازىم. مۇبادا ئۆز
مەرتىۋە-دەرىجىلىرىگە باقماي قەدەملىرىنى يوغان ئالسا، ئىلگىرىكى ھالىنى
ئېسىدىن چىقىرىپ قويسا، ئۇنداق كىشىلەرگە ھاجى پادىشاھنىڭ بېشىغا كەلگەن
ئىش كەلمەي قالمايدۇ.
نەزم
ئۆرگىنەي دەپ قاغا كەكلىك مېڭىشىن،
ئۆرگىنەلمەي ئۇنۇتتى ئۆز مېڭىشىن.
ھاجى
پادىشاھنىڭ ئابا-ئەجدادلىرىنىڭ تۇتقان يولى ۋە ئۆزىنىڭ دەرۋىشلىكى
كەم-كۈتسىز دۆلەت، تۈگىمەس راھەت ئىدى. ئەمما قەدرىنى بىلمەي ئۆتكەن ئۆمرى
ۋە بۇرۇنقى ئەھۋالىنى نومۇس بىلىپ، پۇشايمان قىلدى. ئەمما كېيىن ئىزدەپمۇ
تاپالمىدى. كېيىن قولغا كەلگەن پادىشاھلىقنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى بىلمەي، ئۇنى
ئۆز قامەت-سالاپىتىگە لايىق كۆرۈپ خۇرسەن بولدى ۋە كەتمەس دۆلەتكە
ئۇلاشتىم، دەپ مەغرۇرلىنىپ قالدى.
ئاقىۋەت بۇ پادىشاھلىق چوڭ بىر بالا-قازا بولۇپ، ئەھلى ئايال، چوڭ-كىچىك،
قوۋم-قېرىنداشلىرىغا بەلكى ئۆز جېنىغا، خوتەن، قارىقاش، ھەتتا پۈتۈن
خوتەندىكى ئالتە شەھەر خەلقىنىڭ ھەممىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
6
جانابىي بەدۆلەت ئاتىلىق غازى ئاقسۇ ۋە كۇچانى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئات
چاپتۇرغانلىقى؛ بىر زەربە بىلەن نەچچە شەھەرنى پەتھ قىلغانلىقى؛ مۇراد
باغچىلىرىدىن غۇنچىلارنى ئۈزۈپ، ئۆز قارارگاھلىرىغا قايتقانلىقى ۋە باشقا
بىر مۇنچە ۋەقەلەر يۈز بەرگەنلىكى
جانابىي بەدۆلەت ئاتىلىق غازى خوتەن، يەكەن، قەشقەر، يېڭىسار، مارالبېشى
قاتارلىق شەھەرلەرنى بۇ جايلارغا تەۋە يېزا-سەھرالار بىلەن قوشۇپ ئۆزىگە
بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، خوتەنگە نىياز بەگنى ، يەكەنگە مۇھەممەت يۇنۇسخان
شاغاۋۇلنى، قەشقەرگە ئالاش بەگنى، يېڭىسارغا ئامىلخان تۆرەمنى، مارالبېشىغا
ھېكىمخان تۆرەمنى مۇستەقىل ھاكىم قىلىپ تەيىنلەپ، بۇ تەرەپنىڭ ئىشلىرىدىن
پارىغ بولۇپ، يىگىت ۋە سەرۋازلارنى ھازىرلاش ۋە قورال-ياراق، ئەسلىھەلەرنى
تەييارلاش بىلەن بولدى.
ئىشلار مۇشۇنداق ئۆز قائىدىسى بىلەن يۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان بىر چاغدا،
ئۈچتۇرپاندىن بىر نەچچە كىشى كۇچالىق خوجىلارغا ئىتائەت قىلىشتىن باش
تارتىپ، ئاتىلىق غازىنىڭ ھىمايىسىگە ئۆتۈشنى نىيەت قىلىپ، ئاتىلىق غازىنى
ئاقسۇ تەرەپكە قاراپ يۈرۈش قىلىشقا دەۋەت قىلدى. ئاقسۇدىن ئابدۇراھمان
دادخاھ، ئابدۇللاھ دىۋان بېگىلەر تەكلىپنامە ئەۋەتتى. كۇچادىن توختى
ئىشىكئاغا بەگ: «بۇ شەھەرلەرنى مەن ئېلىپ بەرسەم»، دەپ ھۆددە قىلىپ خەت
ئەۋەتتى ھەم كۇچالىق خوجىلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق دۈشمەنلىككە
ئايلانغانلىق خۇش خەۋىرىنى ئاتىلىق غازىغا يەتكۈزدى. ئاقسۇ، كۇچانى ئۆزىگە
قارىتىپ بويسۇندۇرۇشنىڭ ئارزۇ-ھەۋىسى ئاتىلىق غازىنىڭ كۆڭۈل سەھىپىلىرىدە
يېڭىباشتىن پەيدا بولدى.
جانابىي ئاتىلىق غازىنىڭ ئۆزىگە خاس مەھرەم ياساۋۇللىرى قوشۇلۇپ 3000
يىگىت، ئەمىرلەشكەر مىرزا ئەھمەد قوشبېگىگە تەۋە 3000 يىگىت، ئەمىر لەشكەر
ئۆمەر قۇل دادخاھقا تەۋە 3000 يىگىت، ئەمىر لەشكەر ئابدۇللاھ پانساتقا تەۋە
3000 ئەسكەر، جامەدار دادخاھقا تەۋە 3000 سەرۋاز ۋە جانبازلارنى دۇمباق،
كاناي-سۇناي، توپ-زەمبىرەكلەر بىلەن جابدۇپ تەييار قىلدى ۋە ھەممە ئەمىر
لەشكەرلەرگە: «مارالبېشى قورغىنى بۇزۇلغان پېتى تۇرۇپ قالدى. ھەممە غالىب
قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىللە بېرىپ تۈزىتىپ كەلسەك قانداق؟» دەپ مەسلىھەت
تەرىقىسىدە ئارىغا سالدى. ھەممە ئەمىر لەشكەرلەر بىرلىكتە، ناھايىتى ياخشى
بولىدۇ، دەپ بىجانىدىل قوبۇل قىلدى.
تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1284- يىلى مايمۇن يىلى، مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئىككىسى،
ياقۇپبەگ شانۇشەۋكەت بىلەن ئاتلىنىپ مەنزىلمۇ مەنزىل يول يۈرۈپ،
مارالبېشىغا يېتىپ كېلىپ، چېدىر-بارگاھلىرىنى تىكىپ ئورۇنلاشتى.
تۆت
كۈن ئۆتتى. بۇ ئارىدا ھېچقانداق ئەمر-پەرمان بولمىدى. ئاخىر ئاتىلىق غازى
ئۆزى ئەمىر-لەشكەرلەرنى قىچقىرىپ: «ئاقسۇ كۇچاغىچە بېرىپ ئۇلۇغ مازارلارنى
زىيارەت قىلىپ كەلسەك نېمە دەيسىزلەر؟» دېدى. ھەممەيلەن: «جان دىلىمىز
بىلەن خىزمەتلىرىدە»، دەپ خىزمەتكارچىلىقىنى ئىزھار قىلىشتى. ئەمىر لەشكەر
مىرزا ئەھمەد قوشبېگىنى ئىلگىرى ماڭدۇردى. غازى پانسات بىلەن ھەمدەم
باتۇرنى چىغاۋۇل قىلدى. ھەربىر ئەمىر لەشكەرگە 8دىن پانسات تەيىن قىلدى.
ئۇلارغا تۇغ-ئەلەملەرنى ئىنئام قىلدى. ھەر بىر ئەمىر لەشكەرگە ئالتۇن
جابدۇقلۇق ئىككى ياۋىداق ئات، كۈمۈش جابدۇقلۇق ئالتە ياۋىداق ئات، ھەر بىر
پانساتقا كۈمۈش جابدۇقلۇق ئىككى ياۋىداق ئات مەرھەمەت قىلدى. ئەمىر لەشكەر
ۋە پانساتلار ئالتۇن جابدۇق ۋە كۈمۈش جابدۇقلۇق ياۋىداق ئاتلارنى
ئالدىلىرىدا سۆلەت ئۈچۈ يېتىلەپ، ھەربىر ئەمىر لەشكەر ۋە پانساتلارغا
تەيىنلەپ بەرگەن مۇرەتتەپ قارىي ، ئىماملار كالامۇللاھنى بويۇنلىرىغا ئېسىپ
ھەممىدىن ئىلگىرى ماڭدى.
ھەربىر ئەمىر لەشكەرنىڭ دەبدەبىسى گويا كاتتا ئۇلۇغ پادىشاھقا ئوخشىشاتتى.
ئەمىر لەشكەر ۋە پانساتلارنىڭ تەرتىپ ۋە سۆلەتلىرىنى بىر-بىرلەپ بايان
قىلىشقا قەلەم ئاجىز ئىدى.
ئۇلار مۇشۇنادق سۆلەت ۋە ھەيۋەت بىلەن مارالبېشىدىن ئاتلىنىپ چىقىپ چىلانغا
كەلدى. ئۇ يەردە بىر دولان نى تۇتۇۋېلىپ: «يولدا خوجىلارنىڭ چېرىكلىرى
بارمۇ؟» دەپ سورىدى. بۇ كىشى: «يايدى دېگەن جايدا 200، سايئېرىق دېگەن
يەردە 50 چېرىكى بار» دەپ جاۋاب بەردى. غازى پانسات بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن
كېيىن، كېچىلەپ يايدىنىڭ ئايىغى بىلەن ئاقسۇ تەرەپكە ئۆتۈپ، كۇچالىق
خوجىلارنىڭ چېرىكلىرى خەۋەرسىز ياتقان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ھەممىنى تۇتۇپ
باغلاپ، چېرىكلەرنىڭ چوڭى توختى خەلىپىنى ئۆلتۈردى. باشقىلارنى مارالبېشىغا
ئەۋەتىۋەتتى. بۇ چاغدا بىر چېرىك ئېتىنى سۇغارغىلى كەتكەنىكەن، ئۇ قېچىپ
بېرىپ خوجىلارغا خەۋەر يەتكۈزدى. غازى پانسات ئۇ يەردىن مېڭىپ سايئېرىقتىكى
چېرىكلەرنىمۇ تۇتۇپ باغلىدى. ئاقىۋەت ئاقسۇ دەرياسىنىڭ بويىغا كەلدى.
ئاقسۇدىكى جامالىددىن خوجا ئاتىلىق غازىنىڭ لەشكەرلىرى بېسىپ كەلگەنلىكىنى
ئاڭلاپ ئوغلى يەھيا خوجىنى 3000 چېرىك بىلەن دەريا بويىغا چىقىرىپ: «كېمىنى
تارتىۋېلىپ ئۇرۇشۇپ ئۇلارنى دەريادىن ئۆتكۈزمەڭلار»، دەپ يارلىق قىلدى.
ئاتىلىق غازىنىڭ يىگىتلىرى كېمىنىڭ با-يوقلۇقىغا قاراپمۇ قويماي قەيەر
توغرا كەلسە شۇ يەردىن دەريانى كېچىپ ئۆتۈپ ھۇجۇم قىلدى. كۇچالىق
خوجىلارنىڭ چېرىكلىرى بىر ھۇجۇم بىلەن ئارقىسىغا قاراپ قاچتى ۋە جېنىنى
ئېلىپ ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتتى. غازى پانسات بىلەن ھەمدەم باتۇر بېشى
ئۇلارنى قوغلىغان پېتى ئاقسۇ شەھىرىگە كىرىپ ئوردىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ:
«زامان-زامان، ياقۇپ قوشبېگىنىڭ زامانى، تىنچ بول، خاتىرجەم بول»، دەپ
ۋارقىراپ جار سېلىپ ناغرا چالدى. جامالىددىن خوجا بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ
ئاغىچىسى بىلەن ئوردىنىڭ ئارقىسىدىن قېچىپ چىقىپ ئالتۇن بۇزرۇكۋارغا بېرىپ
پاناھلاندى. ئاغىچىسىنىڭ پۇتى چىقىپ كېتىپ ماڭالماي بىر ئادەمنىڭ ئۆيىگە
يوشۇرۇندى.
گۇرۇھ-گۇرۇھ، تۈركۈم-تۈركۈم غالىب قوشۇنلارنىڭ كاناي-سوناي ساداسى ۋە
ئۇلارنىڭ ئاللا-بارىكاللا غوۋغىسى، سەرۋاز، جانبازلارنىڭ تاماشىسى بىلەن
جانابىي ئاتىلىق غازى ئاقسۇ شەھىرىگە كىرىپ ئورۇنلاشتى. شۇ ھالەتتە
جامالىددىن خوجىنى تۇتۇپ ئاتىلىق غازىنىڭ بارگاھىغا ئېلىپ كىردى. ئاتىلىق
غازى بىر مۇنچە دەشنام-ئازار بەرگەندىن كېيىن گۇناھىنى ئەپۇ قىلىپ يەكەنگە
ئەۋەتىپ جامالىددىن خوجىنى ھاجى پادىشاھقا ھەمخانە ، ھەمسۆھبەت قىلىپ، بىر
لەھەتكە كۆمدى. شۇنىڭ بىلەن ئاقسۇنىڭ پۈتۈن شەھەر-سەھرالىرىنى بويسۇندۇرۇپ
قولىغا كىرگۈزۈپ خاتىرجەم بولدى. چىلانغا كەلگەندە خوجا نەزەربەگنى باش
قىلىپ مۆمىن يۈز بېشىنى ئوتتۇز سەككىز يىگىتى بىلەن قوشۇپ «ئۈچتۇرپان ئەھلى
خوجىلاردىن، خوجىلار ئۈچتۇرپان خەلقىدىن زېرىكىپتۇ. بۇرھانىددىن خوجىنىڭ
بىزگە خېلى ئىشەنچىسى بار. خوجىنى ئوغلى بىلەن ئازار بەرمەي، چىرايلىقچە
مېنىڭ بارگاھىمغا ئەۋەتىپ، يۇرتتىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇڭلار» دېگەن پەرمايىش
بىلەن ئۈچتۇرپانغا يولغا سالدى. خوجا نەزەربەگ ئۈچتۇرپانغا يېتىپ بېرىپ
قورال-ياراق، خەزىنە، ئاشلىق ئامبارلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى.
ئاندىن مۆمىن يۈز بېشىغا بۇرھانىددىن خوجىنى ئوغلى ۋە ئۈچ نەپەر مەھرىمى
بىلەن 20 نەپەر كۆچمەننى قوشۇپ ئاقسۇغا يولغا سالدى. ئاقسۇغا كەلگەندىن
كېيىن ئۇلارنى ئۈچ كۈنگىچە مېھمان قىلدى. تۆتىنچى كۈنى بۇرھانىددىن خوجا،
جانابىي ئاتىلىق غازىنىڭ دىدارىنى زىيارەت قىلىپ ھەققىگە دۇئا قىلساق، دەپ
ئىلتىماس قىلدى ۋە قەدىر-ئەھۋال تارتۇق-پىشكەش راسلاپ ياقۇپبەگ بىلەن
كۆرۈشتى. ئاتىلىق غازى ئۆز بارگاھىغا باشلاپ داستىخان سېلىپ كىمخاب تون،
سەللە-كۇلالار ئىنئام قىلدى.
ئاتىلىق غازى ئاقسۇغا بېرىپ ئىشنى سەرەمجانلاشتۇرغاندىن كېيىن، ھېكىمخان
تۆرەمنى ئاقسۇغا ھاكىم قىلىپ باي ۋە سايراملارغىچە سۇيۇرغال قىلىپ مەرھەمەت
قىلدى. ھەمدەم باتۇرنى باتۇر بېشى، خوتەنلىك موللا ئابدۇللاھ ئاخۇننى قازى
كالان قىلىپ يارلىق چۈشۈردى. بۇرھانىددىن خوجىنى ئوغلى بىلەن قەشقەرگە
ئەۋەتىپ مەھمۇد خوجا ھەزرەتنىڭ خانىقاسىغا تاپشۇردى. تاش خوجا پانساتنى
بايغىچىلىك چىغاۋۇل قىلىپ 200 يىگىتى بىلەن ئالدىن ماڭدۇردى. بۇلار بايغىچە
بىر يېرىم تاش مىقدارى كېلىدىغان سايلەنگەر دېگەن يەرگە يېتىپ كەلگەندە
كۇچا تەرەپتىن ئىبراھىم تۆرە، باقى تۆرە، تالى خەلىپە باشلىق 4000 لەشكەر
كېلىپ قوشتام دېگەن يەردە تاش خوجىنى 160 ئادىمى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.
ئىككى ئايدىن كېيىن تاش خوجا بىلەن يەنە بىر مۆتىۋەر كىشىنىڭ
ئۇستىخانلىرىنى تېپىپ دەريادا يۇيۇپ تازىلاپ خالتىغا سېلىپ قەشقەرگە
ئاپىرىپ ھەزرىتى ئاپاق خوجا مازىرىغا دەپنە قىلىشتى.
كۇچا
لەشكەرلىرى شۇ تەرىقىدە ئاتىلىق غازىنىڭ يىگىتلىرىنى ئارقىسىغا ياندۇرۇپ
جوغا دېگەن مەنزىلدىن ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئۆزلىرى جوغادا چۈشكۈن قىلىپ ياتتى.
نۇرغۇن لەشكەرلىرىنى ياقائېرىقتا توختىتىپ، تاغ ئىچىدىكى جىلغا، غارلارغا
بۆكتۈرمە قىلىپ قويۇپ ئۆزلىرىگە دۈشمەن بولغان نۇرغۇن ئادەملەرنى يوقاتتى.
تىرىك قولغا چۈشكەنلىرىنى تېرەككە ئېسىپ، ئاستىن ئوت قالاپ كاۋاپ قىلىپ
ئۆلتۈردى.
ئاتىلىق غازى بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ غەزىپى ئۆرلەپ نۇرغۇن سەرۋاز،
جانبازلارنى قىل قۇيرۇق بولۇپ ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە پەرمان قىلدى. ئارقىسىدىن
ئۆزى پۈتۈن ئەركان دۆلەت بىلەن غەلىبە ئارغىماقلىرىنىڭ ئۈزەڭگىلىرىگە ئاياغ
قويدى. ئەمر لەشكەر، پانسات ۋە يىگىتلەر ئاتىلىق غازىنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ
بىردەك ئات سالدى. ئۇلار شۇ مېڭىشىدا جوغانى ئېلىپ ياقائېرىققا يېتىپ
باردى. ساينىڭ لېۋىدە شۇنداق قاتتىق جەڭ بولدىكى، ئۆلگەن ئۆلۈكلەرنىڭ
مۇردىسى ساينىڭ تېشىدىن زىيادە يېتىپ كەتتى. ئاخىر يەنە نۇسرەتلىك قوشۇن
غەلىبە قىلدى. كۇچا لەشكەرلىرىدىن ئىبراھىم تۆرە باشلىق ئازغىنا كىشى
جېنىنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى. قالغانلىرىنى تۇتۇۋېلىپ بەزىلىرىنى سىياسەت
قىلىچىدىن ئۆتكۈزدى. بەزىلىرىنى نەزەربەنت قىلىپ ئاقسۇغا ئەۋەتتى. كۇچا
لەشكەرلىرىدىن 3000دىن كۆپرەك كىشى ھالاك بولۇپ، ئاتىلىق غازىنىڭ
يىگىتلىرىدىن 800دىن ئارتۇق كىشى زايە بولدى. بۇ چاغدا ئاتىلىق غازى
چېدىر-بارگاھلىرىنى ياقائېرىق يېزىسىغا تىكىپ قارار تاپتى.
كۇچا
تەرەپتىن راشىددىن خان خوجام ھامىددىن خوجىنى باش قىلىپ يەنە 4000 لەشكەر
ئەۋەتتى. ھامىددىن خوجام بايغا كېلىپ جەڭ قىلىشنىڭ غەرىزىدە بولماي بەلكى
ئەل بولۇپ ئىتائەت قىلىشنى ئۆزىگە لازىم بىلدى ۋە ئاتىلىق غازىنىڭ ئالىي
بارگاھلىرىغ ئۆز مەقسەتلىرىنى بايان قىلىپ خەت ئەۋەتتى. ئاتىلىق غازى
ئەرزنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ دەرھال ھامىددىن خوجىنىڭ ئالدىغا
مەھرەملىرىنى چاپتۇردى. مەھرەملەر ھامىددىن خوجىنى ئېلىپ كېلىپ ئاتىلىق
غازى بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئاتىلىق غازى ھامىددىن خوجامدىن ناھايىتى خۇش
بولۇپ، تون-سەرۇپاي، سەللە-كۇلا، تەڭگە-تىلالارنى ئىنئام قىلدى. ئاندىن
كېيىن: «بىز كۇچانى سەرەمجانلاشتۇرۇپ قايتقۇچە سىلى قەشقەرگە بېرىپ
تۇرسىلا. بىر نان تاپساق تەڭ يەيمىز»، دەپ ۋەدە-قەسەملەر قىلىپ، مۇلازىم
خىزمەتچىلەرنى قوشۇپ ھامىددىن خوجىنى قەشقەرگە يولغا سالدى، ئىككى يىلغىچە
ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ ھامىددىن خوجىغا تۆرىلەر قاتارىدا ئورۇن، تەمىنات،
سەرۇپاي بېرىپ، ئىززەت-ئىكرامنى بەجە كەلتۈردى. كېيىن ئۇنىڭدىن كايىپ
ھەزرىتى ئاپاققا تاشلىدى.
جانابىي ئاتىلىق غازى ياقائېرىقتىن ئاتلىنىپ مەزىلمۇ مەنزىل يول يۈرۈپ
قىزىل يېزىسىغا كەلدى. بۇ يەردىن خەيرى مۇھەممەد پانسات توپچىنى چىغاۋۇل
قىلىپ كۇچاغا ماڭدۇردى. كۇچادىن راشىددىن خان خوجا يەنە بىر مۇنچە لەشكەرنى
چىقارغانىكەن. خەيرى مۇھەممەد توپچى بىر ھۇجۇم بىلەن ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى
بېرىپ، شۇ ماڭغىنىچە كۇچانى قولغا كىرگۈزۈپ، شامالباغ يېزىسىغا ئورۇنلىشىپ،
ئۇ يەردىن ئاتىلىق غازىغا ئەھۋالنى بايان قىلىپ خەت ماڭدۇردى. ئارقىدىن
جانابىي ئاتىلىق غازى داغدۇغا بىلەن كۇچاغا يېتىپ كەلدى. ئاندىن شامالباغ
يېزىسىدىكى بۇلاق بېشىغا چېدىر-بارگاھلىرىنى تىكتى ۋە مۇلازىم يىگىتلەرنى
كىرگۈزۈپ راشىددىن خان خوجىنى تۇتتۇرۇپ چىقتى ۋە ئۇنىڭغا بىر مۇنچە غەزەپ،
دەشنام-ھاقارەتلەرنى قىلغاندىن كېيىن گۇناھىنى ئەپۇ قىلىپ ئۆز لايىقىدا
تون-سەرۇپايلارنى ئىنئام قىلىپ، مۇلازىم يىگىتلەرنى ھەمراھ قىلىپ ئوردىسىغا
كىرگۈزۈۋەتتى. راشىددىن خان خوجا ئوردىسىغا كىرگەندىن كېيىن قولىغا قىلىچ
ئېلىپ بىر مەھرەمنى چېپىپ تاشلىدى. ئاندىن قولىغا مىلتىق، قىلىچ ئېلىپ
سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقىپ «مېنىڭ لەشكەرلىرىم نەگە كېتىشتىڭ؟ بۇ ئەنجانلىق
قىپچاقلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ شەھەردىن قوغلاپ چىقارمامسەن؟» دەپ
ۋارقىراپ-جارقىراپ دىۋانىنىڭ ئىتىدەك ھەر تەرەپكە يۈگۈرۈپ يۈردى. بۇ چاغدا
لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى جېنىنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەنىدى.
ياقۇپبەگ بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ يىگىتلىرىنى كىرگۈزۈپ راشىددىن خان خوجىنى
تۇتتۇرۇپ چىقىپ يوقاتتى. راشىددىن خان خوجىنىڭ ئىنىسى جالال خوجا بىر
كىشىنىڭ ئەقدى نىكاھىدىكى بىر خوتۇننى ئۆز ئەمرىگە ئالغانىكەن، پەخرىددىن
خوجا بولسا شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىگە بويسۇنماي، قازى-مۇپتىلارنى ھاقارەت ۋە
دەشنام قىلغانىكەن. ياقۇپبەگ بۇرۇن ئۆتكەن پېشىۋا ئالىملارنىڭ ھۆكمى بويىچە
ئۆلىمالاردىن پەتىۋا ئېلىپ، پەتىۋانىڭ مەزمۇنلىرىنى خوجىلارغا بىلدۈرۈپ،
ئۆز ئىقرارى بىلەن گۇناھلىرىنى گەدىنىگە قويۇپ ئاممىغا ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن
ئۇلارنى قەتلى قىلدى. ئىبراھىم تۆرىنىمۇ قەتلى قىلدى.
ئىشەنچلىك مۇلازىم، خىزمەتچىلەرنى بەلگىلەپ خان خوجىنىڭ خەزىنە-دەپنە،
ياراق-ئەسلىھە، توپ-زەمبىرەك ۋە پۈتۈن پادىشاھلىققا تەئەللۇق
نەرسە-كېرەكلىرىنى خەتلەپ دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇردى. قۇمۇلدىن تارتىپ بۇ
ئالتە شەھەردىكى خىتايلارنىڭ قورال-ياراقلىرى، خەزىنىلىرى راشىددىن خان
خوجىنىڭ خەزىنىلىرىگە يىغىلغانىدى. ئۇنىڭ ھەممىسى بەدۆلەتنىڭ خەزىنىلىرىگە
كىرىپ كەتتى. ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قەشقەرگە ئېلىپ كەتتى.
ياقۇپبەگ كۇچانىڭ ئىشلىرىنى سەرەمجان قىلىپ تۈگىتىپ، ئىسھاق خوجامغا كۇچا،
شايار، بۈگۈرلەرنىڭ مۇستەقىل ھاكىملىقىنى مەرھەمەت قىلدى. كۇچادا ئىككى ئاي
مىقدارى تۇرۇپ، ئۇلۇغ مازارلارغا نەزىر-نۇزۇراتلار قىلىپ، غېرىب-غۇرۋالارغا
سەدىقە-ئېھسانلار بېرىپ، خەتمە قۇرئان قىلدۇرۇپ ساۋابىنى ئەرۋاھلارغا
بېغىشلاپ، ياخشى كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەشقەر دارىسسەلتەنە گە قاراپ يولغا
چىقتى. ئاقسۇغا كېلىپ بىر مىقدارى تۇرۇپ، ئاقسۇنىڭ كاتتىلىرىدىن باقى مۇپتى
ئاخۇنۇم، مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىشىكئاغابەگ، قاسىم قازى باشلىق 17 ئۆيلۈك
ئادەمنى ئاق ئۆيلۈك قىلىپ يەكەنگە ماڭدۇردى.
جانابىي ياقۇپبەگ ئاقسۇدىكى تەۋەررۇك مازارلارنىڭ ھەققىدە خەتمە-قۇرئان
ئوقۇتۇپ، كەڭرى نەزىر-چىراغ، خەير-سەدىقىلەرنى بېرىپ، داشلارنى قاينىتىپ،
غېرىب-غۇرۋالارنىڭ دۇئالىرىنى ئېلىپ ئۈچتۇرپانغا قاراپ ئاتلاندى.
ئۈچتۇرپانغا يېتىپ بېرىپ 20 كۈندەك تۇرۇپ، مۇھەممەد بابا توقسابەگكە
ئالائىددىن بەگنى سەركار قىلىپ تەيىنلەپ قويۇپ، ئۆزى قاخشال يولى بىلەن
قەشقەرگە قاراپ راۋان بولدى.
ئاتىلىق غازىنىڭ قوشۇنلىرى مەنزىلمۇ مەنزىل يول يۈرۈپ، ئاتۇشقا يېقىنلىشىپ،
سۇغۇن قورۇل دېگەن مەنزىلگە كەلگەندە تاغ باغرىدىكى تاشقىن سۇ ئاققان بىر
جىلىغىغا چۈشۈپ ئارام ئالدى. كېچىسى ھاۋا بۇزۇلۇپ، چاقماق چېقىپ ھاۋا
گۈلدۈرلىگىلى تۇردى. شۇ ئەسنادا ئازغىنا يامغۇرمۇ ياغدى. بۇنىڭغا ھېچكىم
پەرۋا قىلمىدى. يېرىم كېچە بولغاندا جىلغىغا تاشقىن سۇ كېلىپ خەزىنە-دەپنە،
ئات-تۆگە، زەمبىرەك، سەرۋاز-جانبازارلارنىڭ تولىسىنى ئېقىتىپ كېتىپ چوڭ
پالاكەت يۈز بەردى. زايە بولغان خەزىنە، قورال-ياراق، يىگىت-سەرۋازلارنى
ئىزدەپ بەزىلىرى بىر كۈنلۈك، ھەتتا ئىككى كۈنلۈك يەردىن تېپىپ كەلدى.
كۆپلىرىنى تاپالمىدى. جانابىي ئاتىلىق غازىنىڭ بارگاھى ئېگىز يەرگە
ئورۇنلاشتۇرۇلغانىكەن. سەلەب سۇ تەسىر قىلالمىدى. جانابىي ئاتىلىق غازى بۇ
چوڭ ھادىسە توغرۇلۇق ھېچكىمگە بىلدۈرمىدى. ھايات قالغانلارغا تون-سەرۇپاي،
سەللە-كۇلا، ئات-ياراق ئىنئام قىلدى.
كۈز
پەسلىنىڭ باشلىرى ئىدى. ئۇلار قەشقەر تەرىپىدىن بىر نەچچە 100 ئېشەكتە
قوغۇن-تاۋۇز، يەل-يېمىشلارنى ئېلىپ چىقتى. ئاتىلىق غازى قوغۇننى ئېلىپ، ئۆز
قولى بىلەن پىچىپ بىر تىلىمنى يەپ، قالغىنىنى چوڭ-كىچىك يىگىت، سەرۋاز،
مۇلازىم، ياساۋۇللارغا مۇلايىم ۋە ياخشى سۆزلەر بىلەن بىر تىلىمدىن بېرىپ،
ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە رام قىلدى. بۇ مەنزىلدىن قوزغىلىپ ئاقىۋەت پايتەخت
قەشقەرگە يېتىپ بېرىپ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردى. بۇ چاغ تارىخىي
ھىجرىيىنىڭ 1284- يىلى (مايمۇن يىلى) جامادىيەلئاخىرنىڭ 22- كۈنى ئىدى.
ياقۇپبەگ قەشقەردىكى مازارلاردىمۇ نەزىر-سەدىقە ئۆتكۈزۈپ غېرىب-غۇرۋا، تۇل
خوتۇن-يېتىم ئوغۇللارنىڭ دۇئالىرىنى ئالدى. ئەمىرلەشكەر، پانسات، يۈز بېشى،
يىگىت-سەرۋاز، چوڭ-كىچىك ھەممىسىگە مەنسەپ بېرىپ، تون-سەرۇپاي،
تەڭگە-تىللالارنى ھەددىدىن زىيادە ئىنئام قىلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئاتىلىق غازى بۇزرۇكخان تۆرەمگە 10 مىڭ تىللا بېرىپ
بەدەخشان يولى بىلەن ئىككى ھەرەمنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن پەرغانىگە ئۇزىتىپ
قويدى . 12 ئاي مىقدارى ۋاقىت ئىچىدە خوتەن، يەكەن، ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان، كۇچا
ۋە كورلىغىچە قولغا كىرگۈزۈپ، بۇ موغۇلىستان مەملىكىتىنىڭ پادىشاھى بولۇپ
ھەممىنى ئۆز بۇيرۇقى ئاستىغا ئالدى.
7
ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ يەتتە شەھەر ۋە موغۇلىستاننى ئۆزىگە
بويسۇندۇرغانلىقى؛ رۇم خەلىپىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ يارلىققا ئېرىشكەنلىكى ۋە
باشقا ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى
جانابىي ئاتىلىق غازى ئاقسۇ، كۇچالارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن دارىسسەلتەنە
قەشقەرگە قايتىپ بېرىپ خاتىرجەم بولدى. شۇنىڭ بىلەن موغۇلىستان زېمىنى
ئىچىدە ئۆزئارا دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت تۈگىتىلىپ، «پادىشاھلارنىڭ ئەمرىگە
ئىتائەت قىلىڭلار» دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق ھەممە ئادەم بەللىرىگە
ئىتائەت كەمىرىنى مەھكەم باغلىدى. بۇ قىشنى ئۇلار مۇشۇ تەرىقىدە تىنچلىق ۋە
خاتىرجەملىك بىلەن ئۆتكۈزدى. يىل ئۆرۈلۈپ باھار يېتىپ كەلدى. گۈل رەيھانلار
كەڭ زېمىننىڭ قارا تۇپرىقىدىن باش كۆتۈردى.
ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازى ئاقسۇ، يەكەن ۋە خوتەنلەردە ھەر تۈرلۈك ھۈنەرۋەنلىك
ئىشخانىلىرى قۇرۇشقا پەرمان چۈشۈردى. جۈملىدىن زەرگەرلەر ئالتۇن-كۈمۈشتىن
كەمەر، ئوقدان، يۈگەن، قوشقۇن قاتارلىق ئات جابدۇقلىرى ياسىدى؛ تۆمۈرچىلەر
مىلتىق، قىلىچ، شەمشەر، ئۆزەڭگە، يۈگەن قاتارلىق تۆمۈردىن ياسىلىدىغان
نەرسىلەرنى تەييارلىدى؛ قازانچىلار چوڭ-كىچىك توپ-زەمبىرەك، چاچما ئوق
قاتارلىقلارنى تەييارلىدى؛ كىيىم تىككۈچىلەر كىمخاب، تەتىللا، تاۋار،
بەقەسەم، شايى، ئەتلەس، بانارىس ، چىت، چەكمەنلەردىن تون، يەكتەك،
تامباللارنى تىككىلى تۇردى؛ تۇماقچىلار ۋە تېرىپۇرۇشلار بۇلغۇن، سۈلەيسۇن،
تۈلكە تېرىلىرى ۋە كۆرپىلەردىن يۇمشاق جۇۋا چاپان، رۇمچە شاھانە تۇماق،
تەلپەكلەرنى ھازىرلىدى؛ موزدۇز-سەرراچلار تۈرلۈك ئۆتۈك، توۋرا ، يۈگەن،
قوشقۇن، ئۈزەڭگە بېغى، ئېيىل-تارتما تىكتى. ياغاچچى، قونداقچى، مىخچى،
قۇيمىچى قاتارلىق كاسىپلارمۇ ھۈنەرلىرىدە ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايان قىلدى.
يەنە قوقەن خانلىرىنىڭ ئىشخانىلىرىدىن تەربىيىلىنىپ چىققان ماھىر، كامىل
ئۇستىلارنى ئەكەلدۈرۈپ، مەللەخاننىڭ نامىدا تىللا سوقتۇردى. بىر ياقتىن مىس
پۇل قۇيۇشنىڭ تەرەددۇتىنى قىلىپ، ۋاڭ-خان نامىدا مىس پۇل قۇيدۇردى. ھەر خىل
كەسىپ ئۈستىدە، ئۇستا بېشى ۋە ھەممە ئۇستا بېشىلىرىنىڭ تۆپىسىدە ئىش بېشى
تەيىنلىدى. ھەممە كاسىپ-ھۈنەرۋەنلەرگە مائاش بەلگىلىدى. ھېچقانداق بىر
كىشىگە زورلۇق-زۇمبۇللۇق قىلمىدى. ھەر ئادەم ئۆز ئىختىيارى بىلەن كېلىپ،
ئۆز ھۈنەرلىرىنى قىلىپ، قىلغان ئىشلىرىغا لايىق ھەقلىرىنى ئالدى.
دېمەك، جانابىي ئاتىلىق غازى ئادالەتنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. زۇلۇم ۋە
زورلۇقلار سۇمرۇغقا ئوخشاش كوھىقاپ تېغىغا يوشۇرۇندى. شۇڭا پۈتۈن پۇقرالار
دۆلەتلىرىنىڭ زىيادە بولۇشى ئۈچۈن قوللىرىنى ئىختىيارسىز كۆتۈرۈپ ئاتىلىق
غازىغا دۇئا قىلىشتى. ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازى ئېھتىياتچانلىق بىلەن
سىياسەتلەرنى ئادىل يۈرگۈزدى. لەشكەرلەر ۋە پۇقرالارنىڭ مېلى ياكى جېنىغا
قول ئۇزىتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. بىر قېتىم
ئاتىلىق غازىنىڭ قوشۇنلىرى يەكەندىن قەشقەرگە كېلىۋاتقان چېغىدا چۆلدىن
چىقىپ، ئاۋات بىر يۇرت ئىچىگە يېتىپ كېلىدۇ. بۇ يەردە بىر كەمپىر بىر
نەچچە قاچاق قېتىقنى يولغا ئاچىقىپ سېتىۋاتقانىكەن. قوشۇن ئىچىدىكى بىر يۈز
بېشى بىر قاچا قېتىقنى ئىچىپ پۇلىنى بەرمەي كېتىپ قالىدۇ. ئارقىدىن ئاتىلىق
غازى بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەندە ھېلىقى كەمپىر «بىر سىپاھ بىر قاچا قېتىقىمنى
ئىچىپ پۇلىنى بەرمىدى» دەپ يىغلاپ ئەرز قىلىدۇ. ئاتىلىق غازى كەمپىردىن
«قېتىق ئىچكەن سىپاھنى تونۇمسىز؟» دەپ سورايدۇ. كەمپىر «تونۇيمەن» دەپ
جاۋاب بېرىدۇ. كەمپىرنى قوشۇن ئىچىگە ئەكىرىپ كۆرسىتىشكە ئەمىر قىلىدۇ.
كەمپىر قوشۇن ئىچىگە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن قېتىق ئىچكەن سىپاھنى
«مانا مۇشۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ سىپاھنى ئاتىلىق غازىنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ
كېلىدۇ. ئاتىلىق غازى كەمپىرگە قاراپ: «ئەي ئانا! بۇ يىگىتنىڭ قورسىقىنى
ھازىر يېرىپ كۆرىمەن. ئەگەر قورسىقىدىن قېتىق چىقمىسا سىزنى ئۆلتۈرىمەن. ئۇ
چاغدا ۋابال بولامدۇ، بولمامدۇ؟» دەيدۇ. كەمپىر «ۋابال بولمايدۇ» دەپ جاۋاب
بېرىدۇ. ئاتىلىق غازى دەرھال سىپاھنىڭ قورسىقىنى يېرىشقا بۇيرۇيدۇ.
قارىغۇدەك بولسا قېتىق ھېچقانداق بۇزۇلماي ئۆز پېتى چىقىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ
كىيىم-كېچەكلىرىنى كەمپىرگە بېرىدۇ.
يەنە
مۇنداق بىر ۋەقە بولغان: ئاتىلىق غازىنىڭ قوشۇنلىرى ئاقسۇغا يېتىپ كەلگەندە
قوشۇن ئىچىدىكى بىر يىگىت بىر ئادەمنىڭ ئىككى باغ بېدىسىنى تارتىۋېلىپ
ئېتىغا بەرگەنىكەن. بېدىنىڭ ئىگىسى ئەرز قىلغاندىن كېيىن بۇ يىگىتنىمۇ
ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قوشۇن ئىچىدىكى يىگىت ۋە سەرۋازلار
كىشىلەرنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىگە زورلۇق قىلىشقا ياكى بازار نەرقىدىن تۆۋەن
سوراپ قوپاللىق قىلىشقا ئەيمىنىدىغان بولۇشتى. سودا-سېتىقتا ناھايىتى
مۇلايىم، شېرىن سۇخەن بولۇپ، ئەدەب بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولدى.
مۇنداق بىر ۋەقەمۇ يۈز بەرگەن: ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازى ئاقسۇغا يۈرۈش
قىلغاندا قەشقەردىن چىقىپ مارالبېشىغا كېلىدۇ. ئوغلى ھەيدەرقۇلىبەگ باشقا
بىر نەرسىگە ئوق چىقارسا ئاتقان ئوقى خاتا كېتىپ شۇ تەرەپتە ئوتلاۋاتقان
بىر ئېشەككە تېگىپ ئېشەك ئۆلۈپ قالىدۇ. ئېشەكنىڭ ئىگىسى ئەرز قىلىدۇ.
تەكشۈرۈپ كۆرسە بۇ ئىشنى سادىر قىلغان ئۆز ئوغلى ھەيدەر قۇلىبەگ ئىكەن.
ئاتىلىق غازى قاتتىق غەزەپلىنىپ: «مەن ئاتىلىق غازىنىڭ ئوغلى دەپ سەۋەبسىز
ئوق چىقىرىپ پۇقرالارنىڭ ئېشىكىنى ئېتىپ ئۆلتۈرەمسەن؟» دەپ ئۇنى تاياققا
تۇتۇپ ئەدىبىنى بەرگەنىكەن. شۇ سەۋەب بىلەن ھەيدەر قۇلىبەگ ئۇزۇن ئۆتمەي
ۋاپات بولغان. بۇنى كۆرگەن ئەمىر لەشكەر، پانسات باشلىق چوڭ-كىچىك
ھەممىسىنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ چۈشۈپ يېڭىباشتىن توۋا-ئىستىغپار ئېيتىشىپ
ياقۇپبەگكە بولغان ئىتائىتىنى تېخىمۇ زىيادە قىلغانىدى. گەپنىڭ قىسقىسى
شۇكى، پۈتۈن خالايىق ۋە يىگىت-سەرۋازلار ئىچىدە بىر-بىرىگە زورلۇق ۋە
تەئەددى قىلىدىغان ئىشلار تامامەن تۈگىدى.
جانابىي ئاتىلىق غازى مەيلى بار بولسۇن ياكى يوق بولسۇن، مەيلى يىراقتا
ياكى يېقىندا بولسۇن، مەيلى كېچە ياكى كۈندۈزدە بولسۇن ھېچبىر كىشى
بانا-سەۋەبسىز ھېچقانداق ئىشنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى، بەلكى قىلىشنى
يادىغىمۇ كەلتۈرەلمىدى. جانابىي ئاتىلىق غازى يوق بولسۇن ياكى يىراقتا
بولسۇن خۇددى ھازىر قاراپ تۇرغاندەك بىلدى ھەم يۈز بەرگەن چوڭ-كىچىك
ۋەقەلەرنى يېزىپ تۇرىدىغان كاتىپلارمۇ ھەر زامان، ھەر ماكاندا تەييار ئىدى.
يىگىت ۋە سەرۋازلارنىڭ سانى 50 مىڭدىن ئاشتى. ئىشخانىلاردا مائاش ئالىدىغان
ئۇستا-ھۈنەرۋەنلەر 50 مىڭغا يېقىنلاشتى. خەزىنە-دەپنىلەرنىڭ سانىمۇ تولۇپ
تاشتى. بۇ ۋاقىتتا ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ دۆلەت ھۆكۈمرانلىقى شەرق
تەرەپتە ئۇششاقتال ۋە كۈمۈشكىچە، شىمال تەرەپتە مۇز داۋان ۋە زوق
داۋانغىچە، غەرب تەرەپتە ئەركەشتام ۋە بەدەخشانغىچە، جەنۇب تەرەپتە قاراڭغۇ
تاغ ۋە چەرچەنگىچە كېڭەيدى. بۇ چېگرا ئىچىدىكى تاغ ۋە يايلاق، سەھرا ۋە
قىشلاق، جاڭگال ۋە دەشت-تاشلىقلارنى، خۇسۇسەن ئولجا ۋە «خېنى يەر-زېمىن»
لارنى ئىشەنچلىك مۇلازىم-خىزمەتچىلەرنى ئەۋەتىپ سېتىشقا كىرىشتى. بۇ ئىشنى
بېجىرىش ئۈچۈن ئاقسۇلۇق موللا ئابدۇللاھ دىۋان بېگىنى باشلىق قىلىپ
مۇھەممەد نەزەر قوشبېگى، مىرزا قاسىم مىھتەر، مىرزا ئېزىز بۇخارىلارنى
ئاقسۇغا ئەۋەتتى.
بۇ
يۇرتلارغا خىتاي ئەھلى ۋالىي بولغان چاغلاردا خاقانىي چىن تەرىپىدىن
ئاقسۇنىڭ ھاكىمى ۋە ئىشىكئاغىسى باشلىق 46 بەگكە پادىشاھلىق خەزىنىدىن
بېرىلىدىغان مائاش تەمىنات ھېسابىغا چوڭلىرىغا جىق، كىچىكلىرىگە ئازراق
يەر-زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىكەن. ئاقسۇغا ھاكىم بولغان كىشىگە 100
ئۆيلۈك، ئىشىكئاغا بولغان كىشىگە 60 ئۆيلۈك، مەرتىۋىسىگە قاراپ ئەڭ تۆۋەن
بەگكە تۆت ئۆيلۈكتىن دېھقاننى بەگلەرنىڭ دېھقانچىلىقىنى قىلىپ خىزمىتىگە
سالسۇن، دەپ ئىنئام قىلىپ يارلىق چۈشۈرگەنىكەن. تا ئىسىلامىيەتكىچە شۇ
يارلىقنىڭ ھۆكمى بويىچە ھەر قانداق ئادەم بۇ مەنسەپكە ئېرىشسە، مەنسەپ
ئۈچۈن ئىنئام قىلىپ بەرگەن يەرنى شۇ ئادەملەرگە تېرىتىپ ئۇلارنى خىزمىتىگە
سېلىپ كەلگەنىدى. بۇ قائىدە يەتتە شەھەرنىڭ ھەممە يېرىدە بىردەك جارى
قىلىنغانىدى. بەگلەر ئىنئام قىلىنغان بۇ ئادەملەرنى نەق پۇل بېرىپ
سېتىۋالغاندەك ياكى ئاتا مىراس قۇلدەك ھەقسىز ئىشلىتەتتى. ئۇلارنى ئىشلىتىپ
يەر تېرىتىپ، ئاشلىق ئالسا ئۇنى ئۆزىگە ھالال دەپ بىلەتتى. بۇنداق كىشىلەر
ھەر قانچە پۇل سەرپ قىلىپ يۇرت خەلقىگە ئارىلاشسىمۇ ئەقەللىي كۆك بېشى، ئون
بېشى ياكى مۇئەزىزىن، جارۇپكەش قاتارلىق تازىلىق ئەمەللىرىگىمۇ ئىگە
بولالمايتتى. خەلق ئىچىدە «تامغىلىق يانچى» دەپ ئاتىلىپ، ھەرگىز ئېتىبارى
يوق ئىدى. بەگلەرگە خاقانى چىن تەرىپىدىن ئىنئام قىلىپ بېرىلگەن يەرلەرنى
«خېنى زېمىن» دەپ ئاتايتتى. يەنە بۇ شەھەرلەر خىتايغا تەۋە بولغاندىن كېيىن
خىتاي ئەمەلدارلىرى پۇقرالارنى ئىشلىتىپ سۇ چىقىرىپ ئاۋات قىلغان
يەرلەرنىمۇ «خېنى زېمىن» دەپ ئاتايتتى.
مۇشۇنداق خېنى يەر، قىشلاق ۋە يايلاقلارنى، ئىگىدارچىلىق قىلىپ تۇرغان
كىشىلەرگە ۋە شۇ خېنى يەرلەر تەۋە بولغان مەھەللە-كەنتلەرنىڭ ئاھالىلىرىگە
سودا قىلىپ سېتىپ پۇلىنى ئالىي خەزىنىگە تاپشۇردى. ئاقسۇغا تەۋە ئاقيار،
كەلپىن، مىرزا تام، ئونباشقىچە بولغان جايلاردىن بەش لەك، 46 مىڭ تەڭگە
پۇل ھاسىل بولدى. باي، سايرامدىن سەل كەم تۆت لەك تەڭگە پۇل كىرىم بولدى.
قالغان ئالتە شەھەرنىڭ ئەھۋالىمۇ شۇ تەرىقىدە بولدى.
ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ بەخت-دۆلەتلىرى كۈندىن-كۈنگە يۇقىرى ئۆرلەپ
ئەۋجىگە چىقتى. دۈشمەنلىرىنىڭ ئەھۋالى خارلىققا يۈزلەندى. مۇشۇنداق ئادالەت
قانات يايغان، تەرتىپ ۋە ئىنتىزام راۋاج تاپقان كۈنلەردە ھەر تەرەپتىن
ئەلچىلەر كەلگىلى تۇردى. جۈملىدىن تاشكەنتلىك قازىخانتۆرەم ئىككى ھەرەمنى
زىيارەت قىلىپ شەرەپ بىلەن قەشقەرگە قايتىپ كەلدى.
بۇ
زات ئاتىلىق غازىنى «رۇم خەلىپىسى» گە ئەلچى ئەۋەتىشكە دالالەت قىلدى.
ئاتىلىق غازى بۇ پىكىرنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، «رۇم خەلىپىسى بولسا
مۆمىنلەرنىڭ پېشىۋاسى، رويى زېمىننىڭ يېتەكچىسى. مېنىڭ ئۇ كىشىگە ئەلچى
ئەۋەتىپ سالامىمنى يەتكۈزمىكىم زۆرۈر» دېدى. بۇ چاغدا قازىخانتۆرەم
مۇنۇلارنى يەتكۈزدى: «تاشكەنتنى ئورۇسلار بېسىۋالغاندىن كېيىن يۇرتنىڭ
ئۆلىما، پازىل، ئېتىقادلىق كىشىلىرى، بىزگە بۇ يۇرت ھارام بولدى، دەپ
ئورۇسلارغا ئىتائەت قىلىشنى ئۆزلىرىگە نومۇس بىلىپ، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى جارى قىلىپ ھىجرەت قىلىشنى ئىختىيار قىلدى.
شۇ جۈملىدىن مەنمۇ ھىجرەتنى ئىختىيار قىلىپ ئىككى ھەرەمنى زىيارەت
قىلغاندىن كېيىن قايتىپ رۇمغا كەلدىم. بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن
رۇمنىڭ ئەركان دۆلەت، ئۆلىما، پازىللىرى بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشقا مۇيەسسەر
بولدۇم. ئۇلار: ‹پەرغانە ۋىلايىتىنى ئورۇسلار بېسىۋاپتۇ. خاقانى چىن
ۋىلايەتلىرىدىمۇ بىر مۇنچە مۇسۇلمانلار خاقانى چىننىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ،
ئىسلام ئېچىپ راۋاج تېپىپتۇ، دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىدۇق› دېدى. شۇنىڭدىن
كېيىن خەلىپە ھەزرەتلىرى شەرق تەرەپتىكى ئىسلام ئاچقان مۇسۇلمانلارنىڭ
راۋاجلىرى ئۈچۈن مەسجىد-مەسجىدلەردە بەش ۋاق نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىنسۇن،
دەپ يارلىق قىلدى ۋە ئۆزى باش بولۇپ شەرق تەرەپكە قاراپ دۇئا قىلدى. ئەمما
ئىسلام ئېچىشقا باشچىلىق قىلغان ئۇلۇغلارنىڭ نامىنى ھاجىلاردىن سورىسا،
بەزىلىرى خوتەن پادىشاھىنىڭ ئىسمىنى ئېيتتى. بەزىلىرى كۇچالىق خوجىلارنىڭ
ناملىرىنى ئېيتتى. بەزىلىرى ئىلى سۇلتانىنىڭ نامىنى زىكرى قىلدى. باشلىق
بولۇپ ئىسلام ئاچقان كىشىنىڭ نامىنى خەلىپە ھەزرەتلىرى بىلەلمىدى. زېمىن
يۈزىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پۇشتى پاناھى بولغان رۇم خەلىپىسى بولغاچقا، بىرەر
جايدىكى مۇسۇلمانلار باش كۆتۈرسە، ئۇ خۇشال بولۇپ دۇئا قىلىدۇ. مۇبادا
مۇسۇلمانلارغا زىيان-زەخمەت يەتكەنلىكىنى ئاڭلىسا، مالال ۋە غەمكىن بولۇپ،
ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا دۇئا-تەكبىر قىلىدۇ. ھەر تەرەپتە تۈرلۈك يول بىلەن باش
كۆتۈرگەن مۇسۇلمانلارنى بىلىپ دەپتەرگە خەتلەپ قويۇش ھەر زاماندىكى
خەلىپىلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەن. بۇ موغۇلىستان يۇرتىنىڭ ھەممىسى جانابىڭىزغا
قاراپتۇ. ئەلۋەتتە ئۆزىڭىزنى مەلۇم قىلىپ رۇم خەلىپىسىگە خەۋەر قىلمىقىڭىز
لازىم» دېگەندە، بۇ گەپلەر ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىغا ماقۇل كەلدى. خاقانى
چىننىڭ مەرغۇب ماللىرىدىن تاۋار-دۇردۇن، پاكىز-ئېسىل جاي، چىنە، ئالتۇن،
يامبۇ، بىر توققۇز قالماق ۋە قازاق ئېتى، بىر توققۇز باكىرە پاكىزە گۈزەل
بەرنا قىز، بىر توققۇز نەۋ جۇۋان، زىبا ياش يىگىت قاتارلىق تارتۇق
پىشكەشلەرنى راسلاپ ھاجى قازىخانتۆرەمنى باش قىلىپ بىر نەچچە ئىشەنچلىك
مۇلازىم، خىزمەتكارلارنى ھەمراھ قىلىپ قۇتلۇق زامان، سائادەتلىك كۈنلەردە
رۇمغا يولغا سالدى.
شۇ
كۈنلەردە پەرغانە ۋىلايىتىدىن سەيىد پازىل ئەھرارخان تۆرەم، قوقەن سەيىد
ئەردىلاتى داموللىلار قەشقەرگە كەلدى.
كۇچالىق خوجىلارنىڭ زامانلىرىدا كەشمىر تەرەپتىن مۇھەممەد ئېلىخاننىڭ ئوغلى
مۇزەپپەرخان يەكەنگە كەلگەنىدى. ئۇ يەردىن كۇچاغا بارغان ۋە كۇچادىن ئۆتۈپ
كورلىغا بارغان چاغدا، ئاتىلىق غازى نۇسرەتلىك قوشۇنلىرى بىلەن كۇچاغا
يېتىپ كەلدى. مۇزەپپەرخان كورلىدىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ بىر نەچچە زامان
غۇربەتچىلىك بىلەن ئۆمۈر كەچۈرۈپ تۇرغان چېغىدا، ئىلى تەرىپىدىن كەلگەن
بەزى مۇساپىر بايلار مۇزەپپەرخان باينى تۇتۇپ ئىززەت-ئىكرامىنى قىلدى.
تۇڭگانلارنىڭ ئۇلۇغى لورىنجا خەلىپىمۇ ― خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭ كۆپ ئىززىتىنى
قىلىپ نەچچە ساندۇق چاي ۋە كۈمۈش ھەدىيە قىلدى، باشقا تۇڭگانلارمۇ قولىدىن
كېلىشىچە ياردەم قىلدى. مۇزەپپەرخاننىڭ قولىغا پۇل كىرگەندىن كېيىن
ئەتراپىغا ئادەملەر توپلاندى. مۇشۇ كۈنلەردە خوتەندىن قېچىپ كەلگەن،
مۇھەممەد ئېلىخاننىڭ خىزمىتىدە بولغان كونا سىپاھلاردىن مىرزا ئەھمەد
قوشبېگى، مۇھەممەد بابا دادخاھ، غازى پانسات قاتارلىقلار: «ئىلاج بولسا
ئاقسۇ ۋىلايىتىگە، ھېچ بولمىغاندا كۇچا تەۋەسىگە قەدەم تەشرىپ كەلتۈرسىلە،
بىز ئۆزلىرىنى ئالتە شەھەرگە خان قىلاتتۇق. چۈنكى سىلى ھەممىمىزنىڭ
ئۇلۇغىمىز، مەۋلانىمىز ۋە خوجىمىز» دەپ ئارقا-ئارقىدىن خەت ئەۋەتكىلى
ۇتردى. بۇنى كۆرۈپ مۇزەپپەرخاننىڭ ئابا ۋە ئەجدادلىرىنىڭ كەسىپ-ھۈنەرلىرىنى
قىلىپ، يۇرت سوراپ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇش ئارزۇسى كۆڭۈللىرىنى
بىئارام قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە پاراكەندە-باشباشتاق تۇڭگان ۋە
مۇساپىر نەمەنگانلىقلارنى ئەتراپىغا توپلاپ جەمئىيەت قۇردى. بىر نەچچە
بايلار ھۆكۈمەت تۇتۇپ ئەمەلگە ئىگە بولۇشنى تەمە قىلىپ قوللىرىدىكى
دەسمايىسىنى قەرز بەردى ۋە باشقىلاردىنمۇ قەرز ئېلىپ بەردى. بۇنىڭغا
ئات-ياراق، قورال ئەسلىھە تەييارلاپ بىردىنلا كورلىغا بېسىپ بېرىپ،
ناغرا-كاناي چېلىپ كورلىنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى. كورلىنىڭ ھاكىمى ھاجىبەگ
قېچىپ كۇچاغا كېلىپ بولغان ۋەقەنى بايان قىلدى. كۇچادىن بۇ ۋەقەنى خەۋەر
قىلىشقا كېيىكتەك چاققان بىر خەۋەرچىنى قەشقەرگە چاپتۇردى.
جانابىي ئاتىلىق غازى مۇزەپپەرخاننىڭ كورلىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ،
كونا سىپاھ ۋە يىگىتلەردىن ئەندىشە قىلدى. چۈنكى مۇزەپپەرخان خانزادە
بولۇپ، ھەممىسىنىڭ چوڭى ئىدى. ئاتىلىق غازى دەرھال ئىسھاق خوجىغا قارىتىپ:
«ئۆز يىگىتلىرىڭىزنى ئېلىپ كورلىغا بېرىپ ئىلاج بولسا مۇزەپپەرخاننى تىرىك
قولغا چۈشۈرۈڭ، بولمىسا ھەر تەرىقە بىلەن يوقىتىپ، ماڭا مەلۇم قىلغايسىز»،
دېگەن مەزمۇندا نامە ئەۋەتتى. نامە يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ ئىسھاق خوجام
قېشىدا تەييار تۇرغان 2000 يىگىتى بىلەن كورلىغا يېتىپ بېرىپ
مۇزەپپەرخاننىڭ بارگاھلىرىنى قورشىۋالدى. بىر مۇنچە قالماقلار
مۇزەپپەرخانغا قوشۇلغانىكەن. ئۇلار قېچىپ ئۆزلىرىنى چەتكە ئالدى.
مۇزەپپەرخان ئازغىنا ئادەم بىلەن قېلىپ ئىسھاق خوجىغا تەڭ كېلەلمەي
چېدىرلىرىغا يوشۇرۇندى. ئىسھاق خوجىنىڭ باتۇرلىرى تەرەپ-تەرەپتىن ئوق ئېتىپ
مۇزەپپەر خوجىنى ھالاك قىلدى. چېدىر-بارگاھلىرىنى غەلۋىردەك ئۆتمىتۆشۈك
قىلىۋەتتى. بۇ ۋەقە تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1285- يىلى كۈز پەسلىدە بولغانىدى.
ئاقسۇنىڭ ھاكىمى ھېكىمخان تۆرەم بۇيرۇق بويىچە قىزىل يېزىسىغا بېرىپ قارا
كۆرسىتىپ ياردەم يەتكۈزۈپ تۇردى. مۇساپىر پانسات ۋە يىگىتلەرنى كۇچاغا
كىرگۈزمىدى. ئاتىلىق غازى ناھايىتى ئېھتىيات قىلغانلىقىدىن شۇنداق قىلىشقا
پەرمان چۈشۈرگەنىدى. مۇزەپپەرخان بىر تەرەپ بولمىغۇچە قەشقەردىكى
لەمىرلەشكەر ۋە پانساتلارغىمۇ زادى بىلىندۈرمىدى. ئۇ مۇزەپپەرخان بىلەن
بىللە كەلگەن نەمەنگانلىق مۇسا كۇلال باي بىلەن يەنە ئىككى نەمەنگانلىقنى
قەشقەرگە ئېلىپ بېرىپ يوقاتتى. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپبەگ مۇزەپپەرخاننىڭ
ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىپ خاتىرجەم بولدى. ئۇنىڭغىچە قىش پەسلىمۇ يېقىنلىشىپ
قالدى.
جانابىي ئاتىلىق غازىغا تەۋە ۋىلايەتلەرنىڭ ھاكىملىرى، ھەر دەرىجىلىك
ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، ئەمەلدار، ئىش بېشىلىرى توقسان تارتۇق نىڭ ―
تەرەددۇتىغا كىرىشتى. ھەر قايسىسى جان-دىلى، پۈتۈن كۈچى بىلەن بىساتلىرىدا
بارلىكى نەرسىلەرنى ھەتتا ئۇنىڭ ئۈستىگە قەرز ئېلىپ، زور تىرىشچانلىقلارنى
كۆرسىتىپ قەدىمكى خان، خاقان، پادىشاھ ۋە سۇلتانلارنىڭ رەسىم-قائىدىلىرىدىن
تېخىمۇ ئاشۇرۇپراق سوۋغا-سالاملارنى تەييارلاپ پايتەخت قەشقەرگە ئاتىلىق
غازىنىڭ دەرگاھىغا قاراپ راۋان بولۇشتى.
شۇ
جۈملىدىن خوتەننىڭ ھاكىمى نىياز ھېكىمبەگ، سەككىز چارەك كېپەك ئالتۇن، 1000
يامبۇ، 400 ئات (200 ئاتنىڭ ئىگەر، ئەبزەل، قامچىلىرىغىچە ھەممە جابدۇقلىرى
تەييار) 400 ئاتتا سۈلەيسۈن، تۈلكە تېرىلىرى، كۆرپىدىن قىلىنغان تون، شىم،
توماق-تەلپەك؛ تەتىللا، كىمخاب، تاۋار، بەقەسەم، شايى-ئەتلەس، بانارىس،
چەكمەن، كىيىم-كېچەك؛ لازىملىق باغ-بۇغۇچ يانچۇقلىرى بىلەن؛ خۇرۇم، كۆن
ئۆتۈكلەر پايتىمىلىرى بىلەن ۋە يەنە توققۇز-توققۇز نەقىشلىك چۆگۈن،
توققۇز-توققۇز ئاپتوۋا-چىلاپچا، توققۇز-توققۇز مىس قازان كەپكۈر-چۆمۈچلىرى
بىلەن، توققۇز-توققۇز قىرمە لىگەن قاتارلىق تارتۇقلارنى ئاتىلىق غازىنىڭ
ئالىي نەزەرلىرىدىن ئۆتكۈزدى. قانچە كۈن تۇرغان بولسا شۇنچە كۈن
ئەتىگەنلىكى ناشتا ۋاقتىدا بىر توققۇز يامبۇ، مەخسۇس تىكىلگەن تونلارنى
بوغچىلىرى بىلەن ئەكىرىپ ئاتىلىق غازىغا تەزىم تەۋازۇئىلار بىلەن
دۆلەتلىرىنىڭ ئەبەدىي بولۇشىغا دۇئالار قىلىپ ياندى. ھەممە ئەركان دۆلەتلەر
بۇ ئىشلارغا ئاپىرىنلار ئوقۇشۇپ، بارماقلىرىنى چىشلىشىپ قالدى.
قالغان بارچە ۋىلايەتلەرنىڭ ھاكىملىرىمۇ ئۇشبۇ تەرىقىدە ئۆز ئەھۋاللىرىغا
يارىشا تەييارلىغان تارتۇقلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ياقۇپبەگنىڭ نەزەرىدىن
ئۆتكۈزدى. جانابىي ئاتىلىق غازى ھەممە سەركەردىلىرىدىن خۇشال بولۇپ، ھەر
بىرىگە نەچچە قەۋەت تون، سەللە-كۇلا، قورال-ياراق، يارلىق، نىشانلار ئاتا
قىلىپ شاھانە ئىنئاملارنى قىلىپ مەرھەمەتلەرنى كۆرسەتتى. ھاكىم ۋە
سەركەردىلەرگە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن مەھرەم-مۇلازىملارغىمۇ سەرۇپاي،
خىراجىتىگە تىللالارنى بېرىپ ھەممىسىنى رازى قىلىپ ئۆز يۇرتلىرىغ قايتىش
ئۈچۈن رۇخسەت بەردى.
سوغۇق قىش يېڭى يىل قەدەم تەشرىپ قىلدى. باھار كۈنلىرى يېتىپ كەلدى. زېمىن
يۈزىدىن ئۆسۈملۈكلەر باش چىقاردى. قۇشلار سايرىشىپ، گۈل ۋە رەيھانلار
ئېچىلدى. ھەممىگە خۇشاللىق يۈزلەندى. مۇشۇ تەرىقىدە ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ
دەرگاھىغا ھەمدۇ-سانا ۋە شۈكرىلەرنى قىلىپ دۇئا ۋە ئىلتىجا بىلەن بولۇپ
تۇرغان كۈنلەردە، ھاجى قازىخان تۆرەم مۆمىنلەرنىڭ پادىشاھى رۇم خەلىپىسىنىڭ
ھۇزۇرىدىن پايتەخت قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ جانابىي ئاتىلىق غازى بىلەن
كۆرۈشتى.
رۇم
خەلىپىسى ئابدۇلئەزىزخان ئاتىلىق غازى ئەۋەتكەن سوۋغاتلار ۋە ئەلچىلەرگە
ھەددىدىن زىيادە خۇرسەن بولۇپ، بۇ يەتتە شەھەرنى رۇمغا تەۋە قىلىپ، ئاتىلىق
غازىغا «مىراخور باشى»لىق ئەمەل بېرىپ، ئاتىلىق غازىنى كاتتا پادىشاھلار
دەرىجىسىدە كۆرۈپ، ئالتۇن تاج، ئالماس، ياقۇت، جاۋاھىراتلارنى تىزىپ كۆز
قويغان شاھانە تۇماق، چۆرىلىرىگە، ياقا ۋە كۆكرەكلىرىگە ئالتۇن-ئالماس،
ياقۇت، لەئەل جاۋاھىراتلار نەقىشلەنگەن رۇمچە نىمچا باغ ۋە غىلاپلىرىغا
ئالتۇن، ئالماس، لەئەل-ياقۇت، قىممەت باھا تاشلارنى قاتار-قاتار تىزىپ كۆز
قويغان قىلىچ، سۇمبىلىرىگە ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن راسلانغان مىلتىق قاتارلىق
قىممەت باھالىق گۈزەل ۋە مەرغۇب ئىنئاملار ۋە ئالەمشۇمۇل يارلىقلار بىلەن
ئەلچىلەرنى ياندۇرغانىكەن. ئەلچىلەر سائادەتلىك كۈنلەردە يېتىپ كېلىپ رۇم
خەلىپىسىنىڭ ئىنئاملىرىنى ئاتىلىق غازىنىڭ نەزەر ئالىيلىرىدىن ئۆتكۈزدى.
ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازى ھەددىدىن زىيادە خۇشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي
غۇنچىغا ئوخشاش گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. شاھانە ئالتۇن تاجنى بېشىغا،
تەۋەررۇك نىمچىنى ئۇچىسىغا كىيىپ، قىلىچنى بەللىرىگە ئېسىپ، مىلتىقنى
قوللىرىغا ئېلىپ رۇم تەرەپكە قاراپ تەزىملەر بىلەن دۇئا قىلدى. گويا ئاي
بىلەن كۈن ھەتتا يەتتە قەۋەت ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ياقۇپبەگ ئاتىلىق
غازىنىڭ ۋۇجۇدىدا جىلۋە قىلىپ نۇر چېچىۋاتقاندەك بولدى. چوڭ-كىچىك
ھەممەيلەن مۇبارەكلەش سادالىرىنى پەلەكتىن ئاشۇردى. جانابىي ئاتىلىق غازى
نەچچە كۈن توي-تاماشا ئۆتكۈزۈپ، ئۆلىما ۋە ئەمىر-ئۇمرا، لەشكەر-يىگىت،
سەرۋاز، چوڭ-كىچىكلەرنىڭ ھەممىسىگە تون-سەرۇپاي ئاتا قىلىپ مەمنۇن قىلدى.
ئاندىن كېيىن خەلىپە ئابدۇلئەزىزخاننىڭ ئىسىملىرىنى خۇتبىدا قوشۇپ
ئوقۇيدىغان بولدى. ئابدۇلئەزىز خاننىڭ نامى چۈشۈرۈلگەن تىللا، تەڭگە، چاقا
(مىس) پۇللارنى قۇيدۇرۇپ تارقاتتى. بۇ يەتتە شەھەرنى رۇم تەۋەسى دەپ
ئاتىدى. بۇ چاغدا تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1286- يىلى ئىدى.
8
ئۈرۈمچى تۇڭگانلىرىنىڭ كورلا ۋە كۇچا خەلقىنى بىسەرەمجان قىلغانلىقى؛
ئاتىلىق غازى غالىب قوشۇنلىرى بىلەن تۇڭگانلارنى يوقىتىش غەرىزىدە شەرققە
قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقى ۋە مۇراد بېغىدىن مەقسەت گۈل-غۇنچىلىرىنى ئۈزۈپ
تەختى ئالىيلىرىغا قايتقانلىقى
جانابىي ئاتىلىق غازىنىڭ بەخت-دۆلەتلىرى كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلىپ
چېكىگە يەتتى. دۆلەت ۋە سەلتەنەتتە لەشكەركەشلىك ۋە سىياسەتتە گويا ئەمىر
كەبىر ساھىبقىران تېمۇر كوراگان ئىككىنچى بولدى ، يىل ئۆرۈلۈپ باھار يېتىپ
كەلدى. بۇ چاغ تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1287- يىلى ئىدى.
تۇرپان ۋە ئۈرۈمچىدىكى تۇڭگانلاردىن يەنشەي، لەنشىڭ يەنشەي باشچىلىقىدىكى
20 مىڭ تۇڭگان ئاتارمەن-چاپارمەنلەر ئۇشتۇمتۇت كورلا تەۋەسىدە پەيدا بولدى.
بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى ئاتىلىق غازى پەرمان بېرىپ غازى مۇھەممەت بابا
دادخاھ بىلەن ھاجى مىرزىنى كورلىغا ئەۋەتىپ ھاجى مىرزىنى كورلىغا
زاكاتخانا بىنا قىلىشقا مەسئۇل قىلغانىدى. غازى مۇھەممەت بابا دادخاھنى
ئۇششاقتال ئەتراپىغا چوڭ بىر قاراۋۇلخانا سېلىپ، قاراۋۇل بېگى بىلەن
قاراۋۇلچى يىگىتلەرنى توختىتىپ، تۇڭگانلار بىلەن بولغان چېگرىنى ساقلاشقا
بەلگىلەپ ئەۋەتكەنىدى. ئۇلارنىڭ يىگىتلىرى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن تەڭ
كېلەلمەي، كورلىنىڭ ھاكىمى ھاجىبەگ باشلىق ھەممىسى كۇچاغا قېچىپ كېلىپ، بۇ
يامان خەۋەرنى خۇددى پەلەكتىكى ئاقار يۇلتۇزدەك تېز ماڭىدىغان چاپارمەندىن
ئاتىلىق غازىغا يەتكۈزدى. خەۋەر يېتىپ بارغان ھامان ئاتىلىق غازى ھېكىمخان
تۆرەمنى ئالدىدىكى 1500 يىگىت، 500 سەرۋازلىرى بىلەن تۇڭگانلارغا ھۇجۇم
قىلىشقا، ئىسھاقخان تۆرەمنى ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە بۇيرۇدى. ھېكىمخان
تۆرەم يارلىقنى كۆرۈش بىلەن تەڭ، ئاقسۇنى مىرزا بابابەگ زاكاتچى بىلەن
مۇھەممەت سەئىد قۇر بېشىغا تاپشۇرۇپ قويۇپ، يىگىت-سەرۋاز،
توپ-زەمبىرەكلىرىنى ئېلىپ كۇچاغا يېتىپ باردى. ئۇلار كۇچادىن بىر پوتەي
يىراقلىقتىكى قاراياغاچ دېگەن مەنزىلدە تۇڭگانلارغا دۇچ كەلدى. بۇ يەردە
ئۇرۇش ۋە جەڭلەر بولدى. ئاتلىق يىگىتلەر ۋە سەرۋازلارنىڭ غەيرەتلىرى ئۆرلەپ
توپ-توپ بولۇپ تەرەپ-تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ زەربە بېرىۋاتقان چاغدا،
ئۇشتۇمتۇت ئاتلىق سىپاھلار قاچتى. سەرۋازلار بىر باغنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ
پاناھلىنىپ توپلىشىپ جەڭ قىلىپ تۇڭگانلارنى يېقىن كەلتۈرمەي تۇرغان
چاغلىرىدا ئوقلىرى تۈگەپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇلار ئىلاجىسىز قالدى. بۇ
چاغدا تەرەپ-تەرەپتىن تۇڭگانلار قورشاپ كېلىپ سەرۋازلارنىڭ ھەممىسىنى
يوقاتتى. ئاقىۋەت تۇڭگانلار كۇچانى بېسىۋالدى. 2000غا يېقىن يىگىت ۋە
سەرۋاز چىقىم بولدى. ھېكىمخان تۆرەم ۋە ئىسھاق تۆرەم قاتارلىق باشلىقلار
ئاتلىق قېچىپ ئاقسۇغا كېلەلمەي بايدا تۇرۇپ قالدى. كۇچا خەلقىنىڭ كۆپچىلىكى
بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ يۇلتۇز باغ، موقۇر بىلەن ئاقسۇغا قېچىپ كەلدى. مىرزا
بابا زاكاتچى كۇچادىن ئاقسۇغا قېچىپ كېلىپ ئىغۋا پەيدا قىلغان بىر نەچچە
ئادەمنى تۇتۇپ نەزەربەند قىلدى. ئاقسۇغا يىگىت قالمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن
ئاقسۇنىڭ ئىچىدە ئىككىلىنىش ۋە تەۋرىنىش كەيپىياتى پەيدا بولدى.
مىرزا بابا زاكاتچى مۇساپىر سودىگەرلەرنى ۋە ياش سودىگەرلەرنى يىغىپ كېلىپ،
يىگىت قاتارىدا ياراق-ئەسلىھەلەرنى بېرىپ كېچە-كۈندۈز يۇرتتىن خەۋەر ئېلىپ
تۇردى. بۇ چاغدا بىر ئادەم «ئاقسۇدىكى تۇڭگانلار بىرەر ئىش تېرىپ
قويارمىكىن، ھازىرلىق كۆرۈپ ھوشيار تۇرۇش لازىم» دېدى. مىرزا بابا زاكاتچى
بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «قەيەردە تۇڭگانلار بولسا تۇتۇپ كېلىڭلار!» دەپ
يىگىتلەرنى بۇيرۇپ، تىنچ-ئامان ئۆز ھۈنەر-كەسىپلىرىنى قىلىۋاتقان، ئۆز
ئىشلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىكى بىلەن يۈرگەن 19 تۇڭگاننى ئەكەلدۈرۈپ، بىر ئۆيگە
سولاپ قويدى. سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسە ئۇلار تىنچ تۇڭگانلار ئىكەن. سولاپ قويۇپ
يەنە قويۇپ بېرىشتىن ئېھتىيات قىلدى. تۇتۇپ كەلمىسەك بوپتىكەن، دەپ
پۇشايمان قىلدى. ئەمدى نېمە بولسا بولسۇن، ئېھتىيات ئۈچۈن قەشقەرگە ئەۋەتىپ
ئاتىلىق غازىغا «تىنچ تۇڭگانلار ئىكەن»، دەپ مەلۇم قىلساق، دېگەن
مەسلىھەتنى ماقۇل كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى ئىككى ھارۋىغا سېلىپ، ئىككى يىگىتنى
قوشۇپ يولغا سالدى.
مۇشۇ
كۈنلەردە ئاتىلىق غازىنىڭ غەزىپى ئۆرلەپ قەشقەردىن يولغا چىقىپ قاراقىلچىن
دېگەن يەرگە يېتىپ كەلگەندە ئاقسۇ تەرەپتىن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىككى
ھارۋىدىكى تۇڭگانلار ئۇچرىشىپتۇ. ياقۇپبەگ: «نېمە تۇڭگانلار ئىكەن؟» دەپ
سوراپتۇ. بىللە ئېلىپ ماڭغان يىگىتلەر: «ئاقسۇدىكى تۇڭگانلار ئىكەن،
مىرزابابا زاكاتچى قۇلىڭىز ئەۋەتتى»، دەپ مەلۇماتنامىنى تۇتۇپ بەرگۈچىلىك،
بىر ھارۋىدىكىنى يولنىڭ ئاۋۇ تەرىپىگە، بىر ھارۋىدىكىنى يولنىڭ ماۋۇ
تەرىپىگە ئاچىقىپ، سويىۋەت (ئۆلتۈر)! دەپ پەرمان قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن
گۇناھسىز 19 تۇڭگاننى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئەرز-مەلۇماتنى ئوقۇپ كۆرمەكتە يوق،
ھەتتا قۇلىقىغىمۇ ئالماپتۇ. بۇ ۋەقەنى ھېكايە قىلىشتىن مەقسەت، پادىشاھنىڭ
غەزەپ-ئاتەشلىرىنى بايان ۋە مەلۇم قىلىش ئۈچۈندۇر. ئەزىز يارانلار،
پادىشاھنىڭ غەزىپىدىن ھەزەر ئەيلەپ، يۈز قېتىم ۋە مىڭ قېتىم پاناھ تىلىمەك
ھەممىمىزگە زۆرۈر ۋە لازىمدۇر.
شۇنىڭغىچە، تۇڭگانلار كۇچادا توققۇز كۈن تۇرۇپ خەلقنى بۇلاپ-تالاپ،
مۇسۇلمانچىلىقنىڭ دائىرىسىدىن تاشقىرى پۈتۈنلەي يامان ئىشلارنى قىلىپ، بىر
كېچىدە چىقىپ تۇرپانغا قاراپ كېتىپتۇ. بۈگۈر ۋە كورلىنىمۇ شۇ تەرىقىدە
بۇلاپ-تالاپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دېگەن خەۋەر كەلدى.
ئاتىلىق غازى مارالبېشىنىڭ ھاكىمى دەرۋىش مىراخورغا يىگىتلىرىنى ئاپىرىپ
ھېكىمخان تۆرەمگە ياردەم بېرىشكە پەرمان چۈشۈرگەنىدى. ئاقسۇلۇق ھېكىمخان
تۆرەم ۋە دەرۋىش مىراخورلار كۇچاغا يېتىپ بارغۇچە، ۋاپات بولغان
يىگىت-سەرۋازلارنى دەپنە قىلىش بىلەن بولدى. ئاتىلىق غازى بۇ كۈنلەردە
ئاقسۇغا يېتىپ كەلدى ۋە تۇڭگانلارنىڭ يېنىپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ
غەزەپ ئاتەشلىرى بىر ئاز پەسكۇيغا چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما تۇڭگانلار
ئۆلتۈرۈپ ۋەيران قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ جان ۋە پۇل-ماللىرىغا ئىچى كۆيۈپ
ناھايىتى خاپا بولدى، ئاقسۇلۇق شەمسىددىن ئەلەم ئاخۇنۇم ۋە ئوغلى
باھاۋىددىن ئاخۇن، ھادى خەلىپە، مۇھەممەد خېتىپ ئاخۇنۇم قاتارلىق كىشىلەرنى
ئاق ئۆيلۈك قىلىپ قەشقەرگە ماڭدۇردى. ئاقسۇنى موللا ھىيان مىرزا بېشىغا
مەرھەمەت قىلىپ بەردى. ئاقسۇدا كاتتا ئالىي ئوردا بىنا قىلىشقا پەرمان
چۈشۈردى ۋە بۇ يەردە ئون كۈن مىقدارى تۇرۇپ بىر نەچچە ئەمىر لەشكەرنى
ئالدىن ماڭدۇرۇپ، ئارقىسىدىن غەلىبە ئارغىماقلىرىغا مىنىپ ئۆزى راۋان
بولدى. ھېكىمخان تۆرەمگە كايىپ تۇرپانغا ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭدى.
ھەمدەم باتۇر بېشى، مىربابا دادخاھلارغا غەزەپ قىلىپ تاپا قىلدى.
جانابىي ئاتىلىق غازى سەككىز ئەمىر لەشكەر، ھەر بىر ئەمىرلەشكەرگە تەيىن
قىلىنغان سەككىزدىن پانسات ۋە ئۇلارغا قاراشلىق يىگىت-سەرۋازلار ئۆزىگە خاس
مەھرەم-ياساۋۇللار قوشۇلۇپ تىزىمغا ئېلىنغان 25 مىڭ يىگىت-سەرۋاز،
توپ-زەمبىرەكچى بولۇپ زەبەردەس چوڭ قوشۇن بىلەن يولغا چىقتى. قوشچى،
پىلتىرچى، بازارچىلارنىڭ ھېسابى يوق ئىدى.
ئەمىر-لەشكەرلەرنىڭ ھەر بىرى گويا شانۇشەۋكەتلىك پادىشاھقا، پانساتلارنىڭ
سۆلەتلىرى بىر ۋىلايەتنىڭ ھاكىمىغا ئوخشىشاتتى. ئارقىلىرىدا قۇر بېشى،
جاللاتلار، جازا ئىجرا قىلغۇچى يىگىتلەر، نەچچە ھارۋىدا گەدەنلىرىگە
غۇل-زەنجىر سېلىنغان، تۆمۈر ھالقىلار بىلەن ھارۋىغا باغلانغان، سىم تورلۇق
ھارۋىغا سولغان ۋە بەزىلىرى پىيادە گۇناھكارلار، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئاي
پالتىلىرىنى كۆتۈرگەن مىرشەپلەر ماڭدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىر پانسات، قوشۇن
مىقدارى كېلىدىغان دىۋانە-قەلەندەر، بەڭگىلەر توپ-توپ بولۇپ ماڭدى. بۇ
دىۋانىلار توپى بايراق-ئەلەملىرىنى كۆتۈرۈپ قوشۇننىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈپ،
چۈشكۈن مەزگىلىدە بىر چەت ياقىغا ئورۇنلىشىپ، ھەر ئەتىگەنلىكى قوشۇننىڭ
ئارىلىرىغا كىرىپ «شەيئى لىللاھ» دەپ ئاجىز-بىناۋالىقىنى بىلدۈرۈپ،
خەير-سەدىقە ئېلىپ ئۆز جايلىرىغا قايتىپ ئۆز ئۇلۇغلىرىنىڭ ئىتائىتىدە
بولاتتى. ئاتىلىق غازى بوش-ئازادە ۋاقىتلىرىدا بۇلارغىمۇ جەندە كۇلا،
تەڭگە، تىللا ئاتا قىلىپ ھەر قايسىسىغا ئۆز لايىقىدا خۇلقى-مۇھەببەت ئىزھار
قىلىپ دۇئالىرىنى ئالاتتى. ئۇلار مۆھتىسىپلارنىڭ تەكشۈرۈشلىرىدىن ئازاد
قىلىنغانىدى.
قوشۇنغا ئەگىشىپ يۈرىدىغان بازارچىلار چېدىر-بارگاھنى تىكىدىغان جايغا بىر
كۈن بۇرۇن بېرىپ رەستە-بازارلارنى تۈزەيتتى. گۆش-ياغ، گۈرۈچ، يەم-بوغۇز،
بېدە، نان-توقاچ، ھالۋا-مۇراببا، قەنت-قەندەلات، كۆكتات-ئوتياشلار،
نازۇ-نېمەتلەر، ھەر تۈرلۈك دورا-دەرمان، مەجۇن، شاراب-شەربەتلەرنى تەييار
قىلاتتى.
ئاتىلىق غازىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن مەخسۇس ھارۋىلاردا توخۇ-تۇخۇم، نەچچە ھارۋا قوي
يېغى، سۇ يېغى، نەچچە ھارۋا تونۇر، نەچچە ھارۋا كەتمەن، پالتا-كەكە،
چىراغ-شامدان، نەچچە ھارۋا چوڭ-كىچىك سۈپۈرگە، نەچچە ھارۋا كاتتا تۇغ-ئەلەم
قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن بىللە ئېلىپ مېڭىلاتتى. ئەمىرلەشكەر، پانساتلارنىڭ
قوشۇلۇپ 200 مىشكاپچى ساقىلار يوغان مىشكاپلاردا سۇنى ئاتقا يۈكلەپ ئېلىپ
يۈرەتتى. مەيلى سەپەردە ياكى جەڭدە، كۆلدە ياكى چۆلدە، مەيلى دەريا مەيلى
دەشتتە بولسۇن مىشكاپلاردا سۇ زادى كەم بولمايتتى. قاچان بارگاھ تىكىلسە
ئاشقان سۇنى بارگاھنىڭ ئالدىغا سېپەتتى. 4 ― 5 مىڭ قوي، سېغىن كالا،
موزاي-توپاقلارنى بىللە ئېلىپ يۈرەتتى. چوڭ باشلىقلارغا ھەر ئەتىگەنلىكى
يېڭى قايماق بىلەن تەييارلانغان ناشتىلىق مەززىلىك شىرى چاي ، ئىسسىق نان،
تاتلىق توقاچ، ھالۋا-رىشالە، تەملىك شېرىن تاماقلار، پاكىز خۇش بۇي
سىنچايلار بېرىلەتتى. چايخانا ۋە ئاشخانىلىرى ئىككى گرۇپپا ئىدى. ھەر
مەنزىلگە يېتىپ بارغۇچە ئاشپەزلەر بىر نەچچە قازانلاردا قوي يېغى بىلەن
دۈملەنگەن ئاشلارنى (پولو) تەييارلاپ تۇراتتى. ھەر كۈنى بىر گۇرۇپپا
ئاشپەزگە نۆۋەت كېلەتتى. ئەمما ئاتىلىق غازىنىڭ خاس ئاشخانىلىرىغا ھەر
كۈنلۈكى 50 چارەك گۈرۈچ سەرپ بولاتتى. مەنزىلگە يېتىپ بارغان ھامان ھەممە
چوڭ-كىچىك، مەھرەم-ياساۋۇللارغا باراۋەر ئاش تارتىلاتتى. ئەمىر لەشكەر ۋە
پانساتلارنىڭ ئاشخانا-چايخانىلىرىمۇ شۇنداق قىلاتتى.
يۇرت
ھاكىملىرى، ۋىلايەت ۋالىيلىرىدىن ھەر كۈنلۈكى 200 ― 300 ئېشەكتە گۈرۈچ، 400
― 500 ئېشەك ياكى ھارۋىدا ئۇن-بوغۇز ئۆكسىمەي كېلىپ تۇراتتى.
دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا قابىل بولغان ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازى مۇشۇنداق ھەيۋەت ۋە
داغدۇغا بىلەن مەنزىلمۇ مەنزىل يول يۈرۈپ كۇچاغا يېتىپ كېلىپ،
چېدىر-بارگاھلىرىنى تىكىپ ئورۇنلاشتى.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن تا ھازىرقى كۈنگىچە بۇ
يەتتە شەھەر موغۇلىستان يۇرتىدا ئىسلام پادىشاھلىرىنىڭ بۇ تەرىقە ھەيۋەت،
داغدۇغىلار بىلەن بۇ يوللاردا يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئىنسان قۇلىقى ئىشتمىگەن،
پەلەك كۆزى كۆرمىگەن بولۇشى مۇمكىن.
ياقۇپبەگ ئىسھاق خوجامنى كۇچانىڭ ھاكىملىقىدىن ئېلىۋېتىپ، تەئەللۇقاتلىرى
بىلەن يەكەنگە ئاپىرىپ شاغاۋۇل دادخاھقا تاپشۇرۇپ مائاش بەلگىلەپ بەردى.
توختى ئىشىكئاغا بەگنى بىكار قىلىپ ئادەتتىكى يىگىتلەر قاتارىغا چۈشۈرۈپ
قويدى. نارمۇھەممەد پەرۋانىچىنى كۇچاغا ھاكىم قىلدى. ئاندىن ئۇ يەردىن
يۈرۈپ كورلىغا يېتىپ باردى. ھاجى مىرزىنى كورلىغا ھاكىم قىلىپ تەيىنلىدى.
مۇشۇنداق ئادالەت ۋە تەرتىپ-ئىنتىزام كۈچەيگەن كۈنلەردە كۇچا ۋە كورلىدا
بۇلىنىپ-تالىنىپ، پۇل-ماللىرىدىن ئايرىلىپ پاراكەندىچىلىك كوچىسىغا كىرىپ
قالغان سودىگەرلەر ياقۇپبەگكە يىغلاپ ئەرز-ھالىنى مەلۇم قىلدى. ئاتىلىق
غازى مەرھەمەت قىلىپ بەزىلىرىگە تون-سەرۇپاي، بەزىلىرىگە پۇل-تىللا ياردەم
قىلىپ: «سىلەرگە ئۇۋال بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم. سەۋر قىلىپ تۇرۇڭلار، مەن
مىرزا ئەۋەتىمەن. شۇ چاغدا زىيانغا ئۇچرىغان دەسمايىڭلارنى راستى بىلەن
تىزىملاپ بېرىڭلار، شۇنىڭغا قاراپ پۇلۇڭلارنى خەزىنىدىن بېرىمەن»، دېدى.
پازىل زەينىلئابىددىن مەخدۇمنى مىرزىلىققا بەلگىلەپ پەرمان قىلدى.
سودىگەرلەرنىڭ تالانغان دەسمايىلىرىنى مىرزا زەينىلئابىددىن سودىگەرلەرنىڭ
ئاغزىدىن چىققىنى بويىچە تىزىملاپ ئاتىلىق غازىنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇندى.
بەزىلىرى راستى بىلەن خەتلەتتى. بەزىلىرى برىنى ئون قىلىپ كۆرسەتتى.
ئاتىلىق غازى رويخەتكە نەزەر سېلىپ بەزىلەرنىڭ يالغاندىن كۆپەيتىپ
خەتلەتكەنلىكىنى بىلىپ، تۇرپان پەتھ بولغاندىن كېيىن بېرىمىز، دۇئا قىلىپ
تۇرۇڭلار، دەپ پەرمان قىلدى.
شۇنداق قىلىپ تۇرپان پەتھ بولغاندىن كېيىن سودىگەرلەرنىڭ قولىدىكى دۆلەت
خەزىنىسىگە زاكات تاپشۇرغان خېتىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ بەرگەن زاكاتلىرىنىڭ
مىقدارىدىكى پۇلنى بەردى.
ئاتىلىق غازى تۇرپانغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ ئۇششاقتالدىن ئۆتۈپ قاراقچىنغا
بارغاندىن كېيىن ئەمىرلەشكەر ئۆمەر قۇل لەشكەربېشىنى ئۆزىگە قاراشلىق
پانسات ۋە يىگىتلىرىنى ئېلىپ ئارغىبۇلاق يولى بىلەن، ئەمىرلەشكەر ئابدۇللاھ
لەشكەر بېشىنى ئىلانلىق يولى بىلەن توقسۇنغا بېرىشقا پەرمان قىلدى. ئىككى
ئەمىرلەشكەر بىرلا ۋاقىتتا يولغا چىقىپ، ئىككى تەرەپتىن تەڭلا توقسۇندىكى
تۇڭگانلارنىڭ ئۈستىدىن چۈشتى. ئىككى ئوتتۇرىدا جەڭ-جېدەللەر يۈز بېرىپ
ئاخىر ئاتىلىق غازىنىڭ لەشكەرلىرى غەلىبە قازىنىپ توقسۇننى ئالدى. توقسۇندا
2000چە تۇڭگان بولۇپ، 200چىسى قېچىپ تۇرپانغا كەتتى. قالغانلىرى ھالاك
بولدى. جانابىي ئاتىلىق غازىي يېتىپ كېلىپ چېدىر-بارگاھلىرىنى دادۇڭ دېگەن
يەرگە تىكىپ ئورۇنلاشتى. بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن تۇرپاندىن 6000 تۇڭگان
قورال-ياراق بىلەن يەمشى دېگەن يەرگە چىقىپ ئۇرۇش باشلىدى. بۇ قېتىم
ناھايىتى قاتتىق جەڭ بولدى. ئاخىر تۇڭگانلار مەغلۇپ بولۇپ كۆپچىلىكى
يوقىتىلدى. ئاز بىر قىسمى قېچىپ تۇرپان شەھىرىگە كىرىۋالدى.
دادۇڭ شامالنىڭ كانى بولغانلىقتىن بۇ يەردە تۇرۇش مۇمكىن بولماي قالدى.
شۇڭا ئاتىلىق غازى چېدىر-بارگاھلىرىنى يار دېگەن جايغا يۆتكەپ تىكتى.
ئۈرۈمچىدىكى لاۋ رىنجا خەلىپە ئاتاقلىق 17 مىڭ تۇڭگاننى تۇرپاندىكى
تۇڭگانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتكەنىدى. تۆت كۈندىن كېيىن بۇلار يېتىپ
كېلىشتى. تۇرپان شەھىرىدىكى تۇڭگانلارمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولۇپ، 8000
تۇڭگان شەھەردىن چىقتى. تۇڭگانلار ئىككى تەرەپتىن ئاتىلىق غازىنىڭ غالىب
قوشۇنلىرىنى قىستاپ ئوتتۇرىغا ئالدى. ئۆمەرقۇل ئەمىرلەشكەر بىلەن ئابدۇللاھ
ئەمىرلەشكەر ئىككى قاناتقا ئۆتۈپ جەڭگە كىرىشتى. بارلىق پانسات، يۈز بېشى
ۋە يىگىتلەرنىڭ ھەربىرى گويا رۇستەمى داستان ۋە سام نەرىماندەك
پالۋانلىق-باتۇرلۇق ھۈنەرلىرىنى كۆرسىتىپ غەلىبە قازاندى. ئىككى تەرەپتىن
كەلگەن تۇڭگانلىرىنىڭ ئازغىنىسى جانلىرىنى ئېلىپ، كەلگەن يېرىگە قاچتى.
كۆپىنچىسى غالىب قوشۇننىڭ قولىغا ئەسىر چۈشتى. ئۇلارنىمۇ ئالدىدا
ماڭغانلارنىڭ ئارقىسىدىن بارسا كەلمەس يولغا ئۇزىتىپ قويدى. ياقۇپبەگ
قوشۇنى ئۇ يەردىن ئۆتۈپ تۇرپان شەھىرىگە بەش يول مىقدارى يىراقلىقتىكى
جايغا چېدىر-بارگاھلىرىنى تىكىپ ئورۇنلاشتى. چۆرە-ئەتراپىنى خەندەك كولاپ
سېپىل-قوختالار نى ياساپ، دەرۋازىلارنى ئورناتتى. چوڭ-كىچىك پۈتۈن قوشۇن
شەھەرنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتى. ھەر كېچىسى 500 ئاتلىق يىگىت شەھەرنى ئايلىنىپ
پاسىبانلىق قىلدى. بىر قىسىم بازارچىلار شەھەرنىڭ ئىچىگە، تولىراقى
قار-يامغۇر، بوران-چاپقۇن، سوغۇق-شىۋىرغاندىن پاناھ بولغۇدەك ماكان تېپىپ
شەھەرنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتى. تۇرپان شەھىرى پەتھ بولماي مۇھاسىرىسى
ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتتى. ھەپتە-ئون كۈندە بىر قېتىم شەھەردىن نۇرغۇن
تۇڭگانلار چىقىپ، ئۇرۇشۇپ تەڭ كېلەلمەي، يەنە قېچىپ شەھەرگە كىرىپ كېتىپ
تۇردى.
مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۇرغان كۈنلەردە، لۈكچۈنلۈكلەر تۇڭگانلار بىلەن بىرلىشىپ
ئاتىلىق غازىغا ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈدى. ئاتىلىق غازى ئۆمەرقۇل
لەمىرلەشكەر بىلەن ئابدۇللاھ ئەمىرلەشكەرنى پانسات ۋە يىگىتلىرى بىلەن
لۈكچۈنگە ئەۋەتتى. بۇلار يېتىپ بېرىپ قاتتىق جەڭلەرنى قىلىپ ئاخىر غالىب
كېلىپ لۈكچۈننى تارتىۋېلىپ خاتىرجەم بولدى ۋە ئەمدى غىزا-تاماققا ئېغىز
تېگىپ تۇرغان چاغدا «ھايال بولماي دەرھال قايتىپ كېلىڭلار» دەپ ئاتىلىق
غازىدىن پەرمان كەلدى. چۈن ئۈرۈمچى تەرەپتىن 12 مىڭ تۇڭگان يېتىپ
كەلگەنىكەن. ئەمىرلەشكەر، پانساتلار قايتىپ كېلىپ تۇڭگانلار بىلەن جەڭ
قىلىپ ئاخىر غالىب كېلىپ بۇ تۇڭگانلارنىمۇ يوقاتتى.
بۇ
كۈنلەردە ئاۋغان خەيرى مۇھەممەد توپچىدار پانسات ئاتىلىق غازىدىن يۈز ئۆرۈپ
تۇرپان شەھىرىگە قېچىپ كىرىپ تۇڭگانلارغا قوشۇلۇپ كەتتى. تۇڭگانلارمۇ
باتۇرلۇق ۋە پالۋانلىق بىلەن جەڭ قىلىپ نۇرغۇن ھەرىكەتلەرنى قىلىپ كۆردى.
بىر كېچىدە خەيرى مۇھەممەد توپچىدار نۇرغۇن تۇڭگانلارنى ئۆزىگە ھەمراھ
قىلىپ شەھەردىن چىقتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاتىلىق غازىنىڭ
چېدىر-بارگاھلىرىنىڭ ئەتراپىغا بىنا قىلغان سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقىۋاتقاندا،
جامەدار دادخاھ بىلىپ قېلىپ ئالدىراشلىقتا توپ-زەمبىرەكلەرگە (ئوق يېتىپ
كەلگۈچە) ئاق تەڭگە، چاقا پۇللارنى سېلىپ ئېتىپ بىر مۇنچىسىنى ئۆلتۈرۈپ،
بىر مۇنچىسىنى تىرىك قولغا چۈشۈردى. ئەمما خەيرى مۇھەممەد توپچىدار قېچىپ
تۇڭگانلارنىڭ ئارىسىغا ئۆزىنى ئالدى. لېكىن بۇ قېتىم ئاتىلىق غازىنىڭ غالىب
قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىشقا يېقىن قالغانىكەن. كەرەملىك تەڭرىم ئۆز
مۇھاپىزىتى بىلەن ئۇنى يەنە ساقلاپ قالغانىدى. ھەممىسى نەزىر-چىراغ،
خەير-سەدىقىلەرنى بېرىپ تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتىغا شۈكرىلەر قىلىشتى.
تۇرپاننىڭ ئېسىل ئادەملىرىدىن ئابدىقاھاربەگ، خوجا ئابدۇللاھبەگلەر ئاتىلىق
غازىنىڭ قوشۇنلىرىغا ئۆز مەھسۇلاتلىرىدىن نۇرغۇن ئاق-قارا ئاشلىق يەتكۈزۈپ
بېرىپ جىق خىزمەت قىلدى. بۇلارنىڭ خىزمىتى ئاتىلىق غازىنىڭ نەزەر
ئىلتىپاتلىرىغا ئېرىشىپ، ھەر بىرىنى يارلىق ۋە پەرمانلار بىلەن رازى قىلدى.
گەپنىڭ خۇلاسىسى، تۇرپان شەھىرى تولۇق توققۇز ئاي مۇھاسىرە ۋە قورشاۋدا
بولدى. تۇڭگانلار قامال ئىچىدە قېلىپ ھالى تەڭ بولدى. ئۇلار ھەممىسى
خانىقالىرىغا يىغىلىپ ئەھدۇ-پەيمان، قەسەمياتلار قىلىشىپ، ئاتىلىق غازىنىڭ
قوشۇنلىرىغا پەرۋانىدەك ئۆزلىرىنى ئۇرماقنىڭ مەسلىھىتىنى قىلىشىپ تۇرغاندا،
جامەدار دادخاھ چاچما ئوقى قازاندەك كېلىدىغان، تۇرپاندا قۇيدۇرغان كاتتا
توپقا ئوق سېلىپ شەھەرگە قارىتىپ ئاتقانىدى. چاچما ئوق بېرىپ تۇڭگانلار
مەسلىھەت قىلىشىپ تۇرغان خانىقانىڭ ئىچىگە ۋە ئۇ يەردىن ئۆتۈپ خانىقانىڭ
ئەتراپىغا چۈشۈپ، نۇرغۇن تۇڭگانلارنى نابۇت قىلىپ، بىر مۇنچىلىرىنى يارىدار
قىلدى. بۇنىڭ بىلەن تۇڭگانلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ ۋە ئەندىشە چۈشتى.
ئۇلار: «بۇ پادىشاھ ئۇلۇغ كىشى ئىكەن. بىزنىڭ يامان نىيەت بىلەن مەسلىھەت
قىلىشىپ تۇرغانلىقىمىزنى بىلىپ توپ ئاتتى، ئەمدى بولمىدى. ئامانلىق تىلەپ
كىشى چىقىرايلى» دەپ مەسلىھەت قىلىشتى ۋە مۇددىئالىرىنى بايان قىلىپ كىشى
چىقاردى. ياقۇپبەگ ئۇلارنىڭ ئىلتىماسلىرىنى قوبۇل قىلدى. تۇڭگانلارنىڭ
ئۇلۇغى سۇ يەنشەي باشلىق پۈتۈن تۇڭگانلار ئوق-ياراق، ئەسلىھەلىرىنى تاشلاپ
ئاتىلىق غازىنىڭ بارگاھىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇلارنى مەھرەم ۋە مۇلازىملار
ئېلىپ كىرىپ جانابىي ئاتىلىق غازى بىلەن كۆرۈشتۈردى. جانابىي ئاتىلىق غازى
سۇ يەنشەي باشلىق ھەممە تۇڭگانلارغا زىياپەتلەر بېرىپ، تون-سەرۇپاي،
سەللە-كۇلالار ئىنئام قىلىپ رازى قىلدى. بۇنىڭ بىلەن تۇڭگانلارنى ئۆزلىرىگە
مىراس قالغان قۇل-دېدەكلىرىدەك ئىتائەتچان ۋە پەرمانبەردار قىلىۋالدى.
ياقۇپبەگ تۇرپاننى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، ھېكىمخان تۆرەمنى ھاكىم،
ھەيدەر قۇل پانساتنى ئەمىرلەشكەر، تۇرپانلىق خوجا ئابدۇللاھبەگنى سەركار،
قازى سۇرخ ئابىنى قازى كالان قىلىپ تەيىنلەپ ئىشلارنى بىر قۇر رەتكە سالدى.
تۇرپانلىق ۋايىت خەلىپىنىڭ ئەھۋالى يۇقىرىدا بىرىنچى داستاندا بايان
قىلىنغانىدى. ئۇ تۇڭگانلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئۇلارغا كۆپ خىزمەتلەرنى
كۆرسەتكەن ۋە نۇرغۇن يىگىتلەرنى نابۇت قىلغانىدى. شۇ سەۋەبتىن ياقۇپبەگ
ۋايىت خەلىپىنى گۇناھكار قىلىپ باينىڭ ھاكىمى ئەھمەد بەگكە ئەۋەتىپ «ۋايىت
خەلىپە يېتىپ بارغان ھامان ئۆز قولۇڭ بىلەن يوقات!» دەپ بۇيرۇق بەردى.
بۇيرۇق ئىجرا قىلىندى.
بىر
كېچىسى ئەھمەدبەگ چۈشىدە ئۆلگەن ۋايىت خەلىپە قولىغا پىچاق ئېلىپ قوغلاپ
يۈرگەنلىكىنى كۆردى ۋە قورقۇپ ئويغىنىپ كەتتى. ئارىدىن يەتتە كۈن ئۆتكەندە
ئەھمەدبەگمۇ ئۆلدى. ئاتىلىق غازىنىڭ پەرمان ئالىيلىرى بىلەن ئەھمەد بەگنىڭ
خوتۇنى ئېرىنىڭ ئورنىغا ھاكىم بولۇپ باي بىلەن سايرامنى 16 ئاي سورىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن بايغا مۇھەممەد ئىمىنبەگ توقسابە ھاكىم بولدى.
9
بەدۆلەت ئاتىلىق غازى ئۈرۈمچى تەرەپكە ئاتلىنىپ، ئۈرۈمچىنى پەتھ قىلغانلىقى
ۋە نەنسەندىكى خىتاي شى شىكۇڭنىڭ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلىقى؛
ئۇرۇش-جېدەللەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە ئاخىر غەلىبە بىلەن ئۆز پايتەختىگە
قايتىپ كەلگەنلىكى
جانابىي ئاتىلىق غازى تۇرپان ۋە لۈكچۈننىڭ ئىشلىرىدىن پارىغ ۋە خاتىرجەم
بولۇپ، ئون ئاي تۇرپاندا تۇرۇپ قالدى.
ئۈرۈمچىدىكى لاۋرىنجا يەنى داۋۇت خەلىپە بولسا تۇڭگانلار ئارىسىدا ۋە
ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋىلايەتلىرىدە گويا شانۇ شەۋكەتلىك پادىشاھ ئىدى. ئاتىلىق
غازى بىلەن بىر نەچچە قېتىم لەشكەر ئەۋەتىشىپ جەڭ ۋە ئۇرۇشلار قىلىشقانىدى.
بىر نەچچە مەرتىۋە ئۆزئارا خەت، ئەلچىلەر ئەۋەتىشىپ بېرىش-كېلىشلەرمۇ
بولغانىدى. شۇ مۇناسىۋەتلەردە بىر-بىرلىرىگە دوستلۇق ئالاقىلىرىنى ئىزھار
قىلىشقانىدى. شۇ ئەسنادا ئاتىلىق غازى ئەزىم قۇل پانسات باشچىلىقىدا تۆت
پانسات بىلەن 1500 يىگىتنى ئۈرۈمچىگە داۋۇت خەلىپىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى.
داۋۇت خەلىپە پانساتلارنىڭ ئالدىغا كىشى چىقىرىپ ئىززەت ۋە ھۈرمەت بەجە
كەلتۈرۈپ شەھەرنىڭ سىرتىغا چۈشۈردى. قونالغۇ تەمىناتلىرىنى كەڭرى چىقارتىپ
خاتىرجەم قىلىپ قويۇپ، ناماز شام ئارىلىقىدا پانساتلارنىڭ ئۈستىگە
ئوق-ياراقلار بىلەن قوراللانغان نۇرغۇن تۇڭگانلارنى چىقىرىپ تۇيۇقسىز
تۇرغان يىگىتلەرگە ھۇجۇم قىلدى ۋە جەڭگە قول قويدى. نۇرغۇن يىگىتلەر ھالاك
بولدى پانساتلار 400 يىگىت بىلەن جانلىرىنى جايلاپ قوشۇنغا ئاران قېچىپ
كېلىۋالدى.
يەنە
بىر ۋەقە، ئۈرۈمچى بىلەن يۇلتۇز ئارىسىدىكى نەنسەن دېگەن جايدا 6000
ئۆيلۈكتىن كۆپرەك خىتاي بولۇپ، بۇلار كۇچالىق ئىسھاق خوجىنىڭ قەتلىئام
قىلىشىدىن قۇتۇلۇپ قالغانىدى. بۇلارنىڭ چوڭىنى شى شىكۇڭ دەپ ئاتايتتى. ئۇ
دائىم تۇڭگانلار بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇراتتى. گاھى تۇڭگانلار غالىب كېلىپ، گاھى
شى شىكۇڭ غالىب كېلىپ تۇرغانىدى. شۇ ئەسنادا شى شىكۇڭ ئاتىلىق غازىنىڭ
تۇرپانغا كەلگەنلىكىنى ۋە تۇڭگانلارنى يوقاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنىسى
ماشويىنى ھەمراھ قىلىپ قورال-ياراق بىلەن قوراللانغان 2500 خىتاي چېرىكىنى
باشلاپ ئاتىلىق غازىنىڭ ھىمايىسىگە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىپ، 9000 قوي، 800
ئات، 800 كالا، نەچچە يۈز تۆگە، يامبۇ-كۈمۈش قاتارلىق سوۋغا-سالاملارنى
ئېلىپ تۇرپانغا كەلدى. ئاتىلىق غازى بۇلارغا ھەددىدىن زىيادە مەرھەمەتلەر
كۆرسەتتى. شى شىكۇڭ تۇرپاندا بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ، ئىنىسىنى 1500 چېرىك
بىلەن ئاتىلىق غازىنىڭ خىزمىتىدە قويۇپ، ئۆزى 1000 ئادىمى بىلەن نەنسەنگە
قايتىپ كەتتى. بۇ خىتاي چېرىكلىرى تۇرپاندىكى تۇڭگانلار بىلەن بولغان جەڭدە
نۇرغۇن خىزمەت كۆرسەتتى. ئاتىلىق غازىنى ئۈرۈمچىگە يۈرۈش قىلىشقا كۆپ
دالالەت قىلدى ھەم جىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. ئاتىلىق غازىمۇ تۇرپاننى
بېسىۋالغان بىلەن ئۈرۈمچىنى قولغا كىرگۈزمىگۈچە ھېساب بولمايدىكەن، دەپ
ئويلاپ ئۈرۈمچىگە يۈرۈش قىلىش قارارىغا كېلىپ يولغا چىقتى. بۇ تارىخىي
ھىجرىيىنىڭ 1287- يىلى، ماھى رەجەپنىڭ 4- كۈنى قىش پەسلى ئىدى.
ئابدۇللاھ ئەمىرلەشكەرنى چىغاۋۇل قىلىپ ئالدىدا ماڭدۇردى. ئارقىسىدىن
ياقۇپبەگ غەلىبە ئۈزەڭگىسىگە ئات قويدى. داۋانچىڭ تۇڭگانلىرى
تارتۇق-پىشكەشلەر بىلەن ئۇنىڭغا ئالدىغا چىقىپ ئىشەنچ بىلدۈرۈپ ئامانلىق
تىلىدى. ئۇلار بۇ يەردىن مېڭىپ ئۈرۈمچى تەۋەسىگە بېرىپ، ئۈرۈمچىگە سۇ
كىرىدىغان دەريانىڭ بېشىدىكى تاغ باغرىغا جايلاشقان «دەقيانۇسنىڭ شەھىرى»
دەپ ئاتالغان جايغا ئورۇنلاشتى ۋە ئەتراپىغ سېپىل-خەندەكلەر بىنا قىلىپ
ياتتى. بۇ يەردىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە 30 يول كېلەتتى. ئەمما قىش پەسلى
بولغاچقا، سوغۇقنىڭ قاتتىقلىقى، قار-شىۋىرغاننىڭ ئازابىدىن يىگىتلەر
قىيىنچىلىقتا قالدى. بىر نەچچە پىلتىرچى، بازارچىلار ھالاك بولدى. مۇشۇ
ئەھۋالدا 27 كۈن ئۆتتى. لاۋ رىنجا داۋۇت خەلىپىنىڭ يارلىقى بىلەن 60 مىڭ
تۇڭگان تەييار بولۇپ، كېچىسى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش نىيىتى بىلەن ناماز شام
ۋاقتىدا ئاتىلىق غازىنىڭ قوشۇنلىرى ئورۇنلاشقان تەرەپكە قاراپ يۈرۈش قىلدى.
شۇ كېچىسى قار يېغىپ كېچە ناھايىتى قاراڭغۇ بولدى. ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن
ئاتىلىق غازىنىڭ قوشۇنلىرى ئورۇنلاشقان جاينىڭ ئارىلىقىدا تاغ ۋە ئېدىرلار
كۆپ بولغاچقا تۇڭگانلار يولدىن ئېزىپ، بىر مۇنچىسى بىر تاغنىڭ ئېغىزىغا،
بىر مۇنچىسى يەنە بىر تاغنىڭ ئېغىزىغا كىرىپ كېتىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ يول
تاپالماي ۋەيران بولدى. ئۇلار ئۈچ ھەتتا تۆت بۆلۈك بولۇپ ھەر قايسىسى بىر
تاغنىڭ جىلغىسىغا كىرىپ كەتكەچكە، شۇنچە ئۇزۇن كېچىدە 30 يول ئارىلىققا
يېتىپ بارالمىدى. بۇمۇ قۇدرەتلىك تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتىدىن بولغان بولۇشى
مۇمكىن.
جانابىي ئاتىلىق غازى ناماز بامداتتىن يانغاندا تاغنىڭ ئۈستىدىن
ئەلەم-بايراقلار كۆرۈندى. قوشۇننىڭ ھەممىسى ئاتلىنىپ بېرىپ ئۇرۇشۇپ
تۇڭگانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى. دەل شۇ چاغدا يەنە بىر تەرەپتىن
بايراقلار كۆرۈندى. بۇلار بىلەن جەڭ قىلىپ تۇرغان چاغدا باشقا تەرەپتىن
يەنە نۇرغۇن تۇڭگانلار بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ يېتىپ كېلىشتى. ناھايىتى
قاتتىق جەڭ بولدى. بۇ چاغدا تۇيۇقسىزلا تۇڭگانلار غالىب كېلىپ سەرۋازلار
قاچقىلى تۇردى. ئاتىلىق غازىغا ھەمراھ بولۇپ بارغان 16 مىڭ يىگىت،
سەرۋازلارنىڭ ھەممىسى جەڭگە كەتكەن بولۇپ، ئاتىلىق غازىنىڭ قېشىدا 100
نەپەر مەھرەم، 100 نەپەر ياساۋۇل، 100 نەپەر يىگىت قالغانىدى.
ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازى تۇرپاندىكى چاغدا مىرزا ئەھمەد قوشبېگىنى نىسار
مەسۇم ھەزرىتىم ئەكىلىپ ئاتىلىق غازىغا دۇئا قىلدۇرغانىدى. مىرزا ئەھمەد
قوشبېگى ئاتىلىق غازىنىڭ قېشىدىكى يىگىتلەرنىڭ قاتارىدا ئاددىي يىگىت
دەرىجىسىدە تۇراتتى. ئاتىلىق غازى قېچىپ كېلىۋاتقان سەرۋازلارنى كۆرۈپ
مىرزا ئەھمەد قوشبېگىگە: «قېچىپ كەلگەن سەرۋازلارنى چاپ»، دەپ بۇيرۇق
قىلدى. مىرزا ئەھمەد قوشبېگى دەرھال بېرىپ تۆت-بەش سەرۋازنى چېپىپ تاشلىدى.
بۇنى كۆرۈپ قېچىپ كەلگەن مەيلى سەرۋاز، مەيلى يىگىت بولسۇن ئارقىسىغا يېنىپ
بېرىپ تۇڭگانلار بىلەن جەڭ قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى.
ئاتىلىق غازى ئۆز يېنىدىكى مەھرەم، ياساۋۇل، يىگىتلەرگە مىرزا ئەھمەد
قوشبېگىنى باشلىق قىلىپ سوقۇشقا ئەۋەتتى. ئۇلار شۇنداق جەڭ قىلدىكى، بۇ
جەڭنى تەرىپلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
تۇڭگانلارنىڭ تولىسى پىيادە ئىكەن. سوغۇقنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئۇلارنىڭ ھالى
خاراب بولدى. شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن تۇڭگانلار ھالاك بولدى. بۇ جايدا بىر
ئېگىز تاغ بولۇپ، بىر مۇنچە تۇڭگانلار شۇ تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ تۆۋەنگە
قارىتىپ ئوق ئاتقىلى تۇردى. يىگىت-سەرۋازلار تۈۋەندىن يۇقىرىغا قارىتىپ
ئاتتى. تۇڭگانلار تاغنىڭ ئۈستىدىن ئۆلۈكلەرنى يۇمىلىتىپ پەسكە چۈشۈرگىلى
تۇردى. يىگىت-سەرۋازلارمۇ تۇڭگانلارنىڭ ئۆلۈكىنى دالدا قىلىپ ئۇرۇشۇپ
ئۇلارنى پۈتۈنلەي يوقاتتى.
بۇنداق ئۇرۇش ئاتىلىق غازىنىڭ دەۋرىدە ئەسلا كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى. ھەممىگە
قادىر تەڭرى ئۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئاتىلىق غازىنى غالىب قىلىپ،
دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. ئاتلىق تۇڭگانلارنىڭ ئازغىنىسى جېنىنى ئېلىپ
لاۋ رىنجا داۋۇت خەلىپىنىڭ ھۇزۇرىغا ئاران ئۇلاشتى. قالغانلىرى ھالاك بولۇپ
قار ئاستىدا توڭلاپ قاتتى. بۇ غەلىبىنىڭ شۆھرىتى مىرزا ئەھمەد قوشبېگىگە
بولدى. ئاتىلىق غازى مىرزا ئەھمەد قوشبېگىگە ھەددىدىن زىيادە ئىلتىپاتلار
قىلدى.
ئۈرۈمچىدىن چىققان تۇڭگانلار «بارىمىز، ئالىمىز، ئۆلتۈرىمىز، ئات-ئۇلاغ،
ئالتۇن-كۈمۈش، ياراق-ئەسلىھەلەرنى ئولجا ئالىمىز» دەپ خام-خىيال بىلەن
چىققانىكەن. ھەتتا بالا-چاقىلىرىغا: «ئەتە ئات باغلايدىغان ئارغامچا ئېلىپ
ئالدىمىزغا چىقىڭلار»، دەپ يولغا چىققانىكەن. ئاتىلىق غازىنىڭ
يىگىت-سەرۋازلىرى غالىب بولۇپ، قاچقان تۇڭگانلارنى قوغلاپ كېتىپ بارسا،
قوللىرىدا بىردىن، ئىككىدىن ئارغامچا تۇتقان ئون ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان
10 مىڭدىن ئارتۇق تۇڭگان بالىلىرىنى ئۇچراتتى. ئۇ بالىلار دادىلىرى ئولجا
ئالغان ئاتنى باغلاپ مېنىپ كېلىش ئۈچۈن چىققانىكەن. ياقۇپبەگنىڭ يىگىتلىرى
بۇلارنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى.
لاۋ
رىنجا داۋۇت خەلىپە قېچىپ بارغان تۇڭگانلاردىن بولغان ھادىسىلەرنى ئاڭلاپ،
10 مىڭدەك تۇڭگان ئوغۇل-قىز نارەسىدە مەكتەپ بالىلىرىغا قۇرئان شېرىپنى
كۆتۈرتۈپ غالىب قوشۇننىڭ ئالدىغا چىقاردى. تۇڭگانلارنى قوغلاپ ئىلگىرىلەپ
ئات چېپىپ كېلىۋاتقان ئەمىرلەشكەر ئابدۇللاھ پانسات ۋە پەيزى يۈز بېشى
باشلىق باتۇر يىگىتلەر بۇ نارەسىدە مەكتەپ بالىلىرىغا قاراپمۇ قويماي
ئۇلارنى ئاتلىرىغا دەسسىتىپ ئۆتۈپ، شەھەر دەرۋازىسىغا كېلىپ ئوق
چىقىرىۋاتقان چاغدا، ئاتىلىق غازىدىن «شەھەرگە كىرمىسۇن»، دەپ ئالىي پەرمان
چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن شەھەرگە كىرمەي ئاتنىڭ جىلاۋىرىنى تارتىپ ئارقىغا
ياندى. بىر مۇنچە يىگىت-سەرۋازلار تۇڭگانلارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى ئولجا
ئالغانىكەن، ئاتىلىق غازى بۇنى كۆرۈپ: «دۈشمەننىڭ بالىلىرىنى نېمە ئۈچۈن
تىرىك ئېلىپ چىقتىڭ؟» دەپ غەزەپلىنىپ ئولجا ئالغان يىگىت-سەرۋازلارنى
ئۆلۈمگە بۇيرۇدى. بالىلارنى بولسا ئۆلتۈرگۈزۈۋەتتى. شۇ باھانە بىلەن
گۇناھلىق ۋە گۇناھسىز، چوڭ-كىچىك، رەسىدە ۋە نارەسىدە، ئوغۇل-قىز بولۇپ
ناھايىتى كۆپ تۇڭگانلار قىرىلىپ كەتتى.
بۇ
چاغدا داۋۇت خەلىپە يەنى لاۋرىنجا: «ياقۇپبەگ پادىشاھ باشلىق غالىب قوشۇن
شەھەر ئىچىگە كىرسە، خوتۇن، بالا-چاقىلىرىمىز قورقۇپ كېتىدۇ. بىز
ياقۇپبەگكە ئىتائەت قىلىپ بويسۇنساق، ھەر قانداق يارلىق قىلسا بىجانىدىل
قوبۇل تۇتساق»، دەپ ئەلچى چىقاردى. ئاتىلىق غازى ماقۇل كۆرۈپ ئۇلارنىڭ
دېگىنىدەك قىلدى.
داۋۇت خەلىپە ئالتۇن-كۈمۈش، ئېسىل چاي، چىنە-قاچا، تاۋار-دوردۇن قاتارلىق
خاقانى چىندىن چىقىدىغان گۈزەل-نەپىس نەرسىلەر ۋە بارلىق
خەزىنە-دەپنىلىرىنى تارتۇق قىلىپ ئاتىلىق غازىنىڭ بارگاھى ئالىيلىرىغا
چىقاردى. ئەمما ئۆزرە بايان قىلىپ ئۆزى چىقمىدى. ئىتائەت ۋە قۇللۇق
كەمەرلىرىنى بېلىگە مەھكەم باغلىدى. «ئەگەر سىياسەت تىغىدىن ئۆتكۈزىمەن
دېسىلە، جان ۋە مېلىم جانابىي پادىشاھ ئۈچۈن پىدا بولسۇن ياكى كەمىنە
كەمتەر، قېرى قۇللىرىغا ئەپۇ قەلىمىنى سۈرسىلە. كەرەملىك پادىشاھ ئىختىيار
ئۆز ئىلىكلىرىدە...»، دەپ ئەرز قىلدى. جانابىي ئاتىلىق غازى ئۇنىڭ شۇنچىلىك
قىلغىنىغا رازى بولۇپ ئامانلىق بەردى.
ئاتىلىق غازى ئۈرۈمچى تەرەپكە يۈرۈش قىلغاندا، تۇرپاندىكى تۇڭگانلارنىڭ
چوڭى شاۋيەنشەينى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ بىللە ئېلىپ كەلگەنىدى. شاۋيەنشەي
بۇرۇن قىلغان گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىگە ناھايىتى چوڭ خىزمەت كۆرسەتتى. شۇڭا
جانابىي ئاتىلىق غازى ئۇنىڭغا ئۈرۈمچىنىڭ دايەنشەيلىكىنى مەرھەمەت قىلدى
ھەم ئالتۇن كەمەر، مىلتىق، ياراق-ئەسلىھەلەرنى ئىنئام قىلدى. ئۈرۈمچىگە
قۇتۇبى، سانجى، ماناس، داۋانچىڭ قاتارلىق ئالتە شەھەر قاراشلىق ئىكەن.
شاۋيەنشەيگە ھەممىنى قوشۇپ بېرىپ رازى قىلدى. بۇ ئالتە شەھەرنىڭ ھەر بىرىگە
دايەنشەي كىمنى لايىق كۆرسە شۇن يەنشەيلىككە تەيىنلەپ يارلىق چۈشۈردى.
يەنشەيلەر دايەنشەينىڭ ئىتائىتىدە بولۇپ، بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ
پەرمەنبەردارلىق قىلدى.
دايەنشەي: «مەن ئىسلام پادىشاھلىرىنىڭ رەسىم-قائىدىلىرىنى بىلمەيمەن.
جانابىيلىرىنىڭ ھۇزۇرىدىكى مۇلازىم، ئوردا ئەمەلدارلىرىدىن بىرىنى
تىلەيمەن. ئۇ كىشى ماڭا قائىدە-قانۇنلارنى ئۆگىتىپ تەلىم بەرسە»، دەپ
جانابىي ئاتىلىق غازىغا مەلۇم قىلدى. ياقۇپبەگ ئۇنىڭ ئەرزىنى قوبۇل كۆرۈپ،
مىرزا بېشى زەينىلئابىددىن مەخدۇمنى سالام ئاغىسى قىلىپ تەيىنلەپ دا
يەنشەينىڭ قېشىدا ئۈرۈمچىدە قالدۇردى. شۇ يىلى ئۈرۈمچىنىڭ سوغۇقى ئادەتتىن
تاشقىرى ناھايىتى قاتتىق بولغانىدى. شۇ قىشتا نەنسەندىكى شى شىكۇڭ ھەر
كۈنلۈكى ياقۇپبەگنىڭ قوشۇنلىرىغا ئۆز ئادەملىرىدىن 100 تۆگە، 50 ― 60
ھارۋىدا تاشكۆمۈر يەتكۈزۈپ بېرىپ ناھايىتى كۆپ خىزمەت قىلدى. ئىنىسىمۇ
چېرىكلىرى بىلەن ئالاھىدە خىزمەتلەرنى كۆرسەتتى. مۇشۇ كۈنلەردە شى شىكۇڭ
ئۆزىمۇ نۇرغۇن سوۋغا-سالاملار بىلەن كېلىپ ئاتىلىق غازىنى كۆپ خۇرسەن
قىلدى. شۇڭا شى شىكۇڭغا كىمخاب تاشلىق نىمچا، جۇۋا قاتارلىق ئېسىل
كىيىم-كېچەك، قىممەت باھا تۇماق، مىلتىق-ياراق، كەمەر، ئالتۇن جابدۇقلۇق
ئارغىماق ئات قاتارلىقلارنى ئىنئام قىلدى. ئىنىسىغىمۇ شۇ تەرىقىدە غايەت
زور ئىلتىپاتلارنى كۆرسەتتى. قالغان چېرىكلەرگىمۇ سۈلەيسۈن، تۈلكە، كۆرپە
قاتارلىق ئېسىل تېرىلەردىن قىلىنغان كىيىم-كېچەكلەرنى ئېھسان قىلىپ خۇشال
قىلدى. شۇنىڭ بىلەن شى شىكۇڭنىڭ نەنسەنگە قايتىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلدى.
دايەنشەي ئۈرۈمچىدىن 12 مىڭ تاغار ئاشلىق ئەۋەتتى.
مۇشۇنداق ئەھۋاللار بىلەن جانابىي ئاتىلىق غازى ئۈچ ئايدەك ۋاقىت ئىچىدە
ئۈرۈمچى ۋىلايىتى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يۇرتلارنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئىشلارنى
سەرەمجان قىلغاندىن كېيىن غالىب قوشۇننى باشلاپ قايتماقچى بولدى. ئۇلار
مەنزىلمۇ مەنزىل يول يۈرۈپ باش باھاردا قاراشەھەرگە يېتىپ كەلدى. بۇ يەردە
بىر نەچچە كۈن تۇرۇشنى ئىختىيار قىلىپ، قاراشەھەر دەرياسىنىڭ لېۋىدە بىر
شەھەر بىنا قىلدۇردى. جانابىي ئاتىلىق غازى ئۆزى باش بولۇپ خىش كۆتۈرۈپ،
خاڭ سوقۇپ ئەمگەك قىلدى. بۇنى كۆرگەن ئەمىرلەشكەر، ئۆلىما، ياش-قېرى ھەممە
كىشى جىم تۇرالماي سېپىل سوقۇش قاتارلىق شەھەر قۇرۇلۇشىغا كىرىشىپ كەتتى.
پات پۇرسەتتە شەھەر قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزۈپ تاماملىدى.
بۇ
كۈنلەردە قالماقلارنىڭ خاقانى خوتۇنخان قاراشەھەرگە يېقىن قارا مودۇن دېگەن
بىر جايدا ئولتۇرۇشلۇق ئىكەن. ئاتىلىق غازى بۇلارنىمۇ ئۆزىگە ئىتائەت
قىلدۇرۇپ بويسۇندۇرۇش نىيىتى بىلەن خوتۇنخاننى تەكلىپ قىلىپ ئادەم چىقاردى.
ئەلچىلەرنى كۆرۈپ خوتۇنخان ئۆزى قاراشەھەرگە كېلىشكە ئېھتىيات قىلىپ لاما،
كەيگەن دېگەنلەرنىڭ باشچىلىقىدا بىر نەچچە مەنسەپدارى بىلەن 500 قالماقنى
ئاتىلىق غازىنىڭ ھۇزۇرىغا ئەۋەتتى. ئاتىلىق غازى كەلگەن قالماقلارنى بىر
نەچچە كۈن توختىتىپ چوڭ زىياپەت قىلدى. ھەر كۈنلۈكى رىشالە، ھالۋا،
قەنت-شېكەر بىلەن تەييارلانغان نازۇنېمەتلەر، قوي يېغىدا ئەتكەن پولۇ،
شويلا-شورپا قاتارلىق ئالىي يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن مېھمان قىلدى. قالماقلار
ئۈچۈن سېرىق لانكا، سېرىق دابالاردىن قالماقچە تون، كىيىم-كېچەك تىكتۈرۈپ
تەييارلاپ قويغانىكەن. ھەممىسىگە تون-سەرۇپايلارنى ئىنئام قىلىپ قايتىپ
كېتىشكە رۇخسەت بەردى.
شۇ
ئارىدا بىر مۇنچە يىگىتلەر بىلەن مۇھەممەت توقسابەنى ئەۋەتىپ خوتۇن خاقاننى
ئەكەلدۈرۈپ باشقا يول بىلەن كورلىغا ئاپىرىپ ئاخۇن چىغاننىڭ ھويلىسىغا
چۈشۈرۈپ شۇ يەردە تۇتۇپ قالدى. خوتۇنخانغا تەمىناتلارنى بەلگىلەپ ئۇنى
مۇھاپىزەت قىلىپ ساقلاشنى ھاجى مىرزىغا تاپشۇردى. ئاتىلىق غازىنىڭ ھۇزۇرىغا
كەلگەن قالماقلار خوتۇنخاننى كورلىغا ئېلىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئۆز
يۇرتلىرىغا كەتتى.
شۇ
ئەسنادا ئۈرۈمچىدىن خەت كېلىپ: «نەنسەندىكى شى شىكۇڭ نۇرغۇن چېرىك بىلەن
ئۈرۈمچىگە بېسىپ كېلىپ دايەنشەي بىلەن ئۇرۇشۇپ، دايەنشەينى ئۆلتۈرۈپ،
ئۈرۈمچى شەھىرىنى بۇلاپ-تالاپ يەنە ئۆز جايىغا قايتىپ كەتتى»، دېگەن يامان
خەۋەر ئاتىلىق غازىنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. بۇ خەۋەردىن سەل كېيىن جانابىي
زەينىلئابىددىن مەخدۇم مىرزا بېشى 50تەك تۇڭگان بىلەن 30 تۆگە چاي، چىنە
قاتارلىق تارتۇق-پىشكەشلەرنى ئەكىلىپ ئاتىلىق غازىنى زىيارەت قىلىپ پاتىھە
ئوقۇدى.
مەزكۇر مىرزا بېشى زەينىلئابىددىن مەخدۇم، دايەنشەي تەرىپىدىن شى شىكۇڭغا
ئەلچى بولغان ۋە شى شىكۇڭ ئانچە ماقۇل تۇتمىغانىكەن. مىرزا بېشى
زەينىلئابىددىن مەخدۇم شى شىكۇڭنىڭ ئالدىدىن يېنىپ كەلگەندىن كېيىن: «ماڭا
ئۈرۈمچىنىڭ ئابى-ھاۋاسى ياقمىدى، ئاتىلىق غازىنىڭ خىزمەتلىرىگە
تارتۇق-پىشكەشلەرنى ئېلىپ بارغاچ دۇئا-پاتىھە ئوقۇپ يانسام»، دەپ
دايەنشەيدىن رۇخسەت ئېلىپ سوۋغا-سالاملار بىلەن يولغا چىقىپ ئىككى كۈندىن
كېيىن ھېلىقى ۋەقەلەر يۈز بېرىپتۇ. ۋەقەدىن مىرزا بېشىنىڭ خەۋىرى يوق
ئىكەن. جانابىي ئاتىلىق غازى ئۈرۈمچىدە دايەنشەي بىلەن شى شىكۇڭنىڭ
ئوتتۇرىسىدا بولغان ۋەقەلەرنى مىرزا بېشىغا مەلۇم قىلدى. تەڭرىم ئۆز
قۇدرىتى بىلەن زەينىلئابىددىننى مۇھاپىزەت قىلىپ، بىر باھانە-سەۋەب بىلەن
خەتەردىن ساقلاپ سالامەت قايتىپ كېلىشكە نېسىپ قىلغانلىقىغا شۈكرىلەر بەجە
كەلتۈردى. مىرزا بېشى زەينىلئابىددىن مەخدۇم موللا، ئەخلاق-پەزىلەتلىك،
شائىر، ئىش بىلەرمەن، بىر نەچچە خان-پادىشاھلارنىڭ ھۇزۇرىدا مىرزا بېشى
بولۇپ كۆپ ئىززەت-ئابروي تاپقان، ئاتىلىق غازىنىڭ ھۇزۇرىدىمۇ قەدىر-قىممىتى
ئۈستۈن، كاتىبات ئىشلىرىدا لاياقەتلىك كىشى ئىدى. ئۆزىنىڭ تەبىئىي
ئەقىل-پاراسىتى ۋە زېھىن-ئىدراكىنىڭ قۇۋۋىتى بىلەن «دىۋان فۇزۇلى»نىڭ
ئۇسلۇبىدا مەھجۇرى تەخەللۇسى بىلەن بىر توم شېئىرىي دىۋان يېزىپ
چىققانىدى. دىۋاننىڭ مەزمۇنىغا نۇرغۇن پەند-نەسىھەت، ھەقىقەت، مائارىپ ۋە
مەرىپەتلەر كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئەسەر ھەممە پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ
يىغىلىش سورۇنلىرى ۋە مەرىكە-ئولتۇرۇشلىرىدا ئوقۇلاتتى. ئىشتكۈچى ۋە
كۆرگۈچىلەر ھەيرانلىق چىشلىرىدا تەئەججۈپ بارماقلىرىنى چىشلىشەتتى. مىرزا
بېشى زەينىلئابىددىن مەخدۇمنىڭ پەزىلىتى ئۇنىڭ شېئىر، ۋەزىن، قاپىيىلىرىگە
ئىنساپ كۆزى بىلەن نەزەر سالسا ئاندىن مەلۇم بولىدۇ. تۆۋەندىكى مىسرا
مەزكۇر دىۋاندىن بىر پارچىدۇر:
نەزم
گەر
نەسىپ ئولسا بۇ مەھجۇرە تەۋافى كەئبە،
باش
ئۇرۇپ ئۆتكەن ئىشنە تەۋبە تەزەررۇئەيدەلىم .
جانابىي ئاتىلىق غازى: «ئۈرۈمچى يۈز ئۆرۈپ ئىتائىتىمىزدىن چىقس، لەشكەر
ئەۋەتىپ ئىككىنچى قېتىم ئىتائەت قىلدۇرۇپ بۇيرۇقىمىزغا كىرگۈزگىلى بولىدۇ.
دايەنشەي ئۆلۈپ كەتسە يەنە بىر تۇڭگاننى دايەنشەي قىلىپ تەيىنلەپ يارلىق
چۈشۈرسەك دايەنشەي بولۇپ كېتىۋېرىدۇ. ئەمما سىز مىرزا بېشىغا خەتەر يەتسە
سىزدەك كىشىنى تاپقىلى بولمايتتى» دەپ، مىرزا بېشىغا كۆپ مېھرىبانلىق
كۆرسىتىپ ئېھسانلارنى مەرھەمەت قىلدى.
جانابىي ئاتىلىق غازى قاراشەھەر ۋە كورلىلاردا ئۈچ ئايدەك تۇرۇپ قالدى.
ئاندىن چوڭ ھەشىمەتلەر بىلەن قوزغىلىپ ئەركان دۆلەتلەر بىلەن ئاقسۇغا يېتىپ
كېلىپ يېڭىدىن بىنا قىلغان ئالىي ئوردىغا چۈشۈپ ئورۇنلاشتى. بۇ ئوردا
پەرغانە ۋىلايىتىدىكى خانلارنىڭ ئوردىلىرىغا ئوخشىتىپ ياسالغانىدى. ئاتىلىق
غازى يېڭى ئوردىدىن رازى بولۇپ، ئىش بېشى نىياز باقى ۋە قالغان ئۇستىلارغا
نۇرغۇن ئىنئام ۋە مۇكاپاتلارنى بەردى. بۇ تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1288- يىلى
ياز پەسلىنىڭ ئاخىرى ئىدى.
10
جانابىي ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ پەرمانى بىلەن ھېكىمخان تۆرەم ئۈرۈمچى
تۇڭگانلىرىنىڭ ئۈستىگە لەشكەر تارتقانلىقى ۋە ياقۇپبەگ ئۆز پەرزەنتى
بېكقۇلىبەگنى ياردەم ئۈچۈن ئارقىسىدىن ئەۋەتكەنلىكى؛ ھېكىمخان تۆرەم مەقسەت
گۈلىنى قولىغا كەلتۈرۈپ قايتىپ، كېلىپ بارگاھىنى تاۋاب قىلغانلىقى
جانابىي ئاتىلىق غازى ئاقسۇغا يېتىپ كېلىپ سەلتەنەتلىك ئوردىدىكى
پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپ ئولتۇردى. ئاقسۇغا ئىككى مەنزىل قالغاندا
كورلىدىكى ھاجى مىرزىدىن: «بىر كېچىدە ياراق-ئەسلىھەلەر بىلەن قوراللانغان
2000دەك قالماق كورلىغا بېسىپ كىرىپ سوقۇشۇپ 200چە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ
خوتۇنخاننى ئەپقېچىپ كەتتى»، دېگەن مەزمۇندا مەلۇمات كەلدى. ۋەقە مۇنداق
بولغانىدى: ھاجى مىرزا قالماقلارنىڭ يامان نىيىتىنى بىلىپ قېلىپ قالماقلار
كېلىدىغان يول ۋە تاغ جىلغىلىرىنى توسۇش ئۈچۈن ئادەم ۋە يىگىتلىرىنى ئېلىپ،
30 يول يىراقلىقتىكى «قالقىمان» دېگەن مەنزىلگە چىقىپ ياتقانىكەن.
قالماقلار باشقا يول بىلەن كورلىغا كېلىپ خوتۇنخاننى ئېلىپ كېتىپتۇ.
يەنە
بىر ۋەقە، نەنسەندىكى شى شىكۇڭ لەشكەر تارتىپ ئۈرۈمچىگە بېرىپ دايەنشەينى
ئۆلتۈرۈپ، بۇلاپ-تالاپ چىقىپ كەتكەنلىك خەۋىرى ئاتىلىق غازىنىڭ قۇلىقىغا
يەتكەنىدى. بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبى مۇنداق ئىدى: سۇ يەنشەي بىلەن شى شىكۇڭنىڭ
ئارىسىدا قەدىمدىن تارتىپ ئاداۋەت بار ئىدى. شى شىكۇڭنىڭ نۇرغۇن
چېرىكلىرىنى ئاپىرىپ ئاتىلىق غازىغا ياردەم بېرىپ خىزمەت كۆرسىتىشىدىكى
غەرىزى، سۇ يەنشەينى يوقىتىش ئىكەن. ئىش ئۇنىڭ مۇددىئاسىدەك بولماي ئاتىلىق
غازى شاۋيەنشەينى ئۈرۈمچىگە دايەنشەي قىلغانلىقى ئۈچۈن شى شىكۇڭنىڭ ھەسەت
ۋە دۈشمەنلىكى تېخىمۇ ئاشقانىكەن. يەنە بىرى، جانابىي ئاتىلىق غازى شى
شىكۇڭدىن 10 مىڭ تاغار ئاشلىق ئېلىپ دايەنشەيگە مەرھەمەت قىلغانىدى. شى
شىكۇڭ دايەنشەينى «ئاشلىقنى ھازىر بېرىسەن»، دەپ قىستىدى. دايەنشەي: «ھازىر
پۇقرالارنىڭ قولىدا ئاشلىق يوق. خامان ئالغان بېرەي»، دېسەن ئۇنىماي ئىككى
ئوتتۇرىدا ئۇرۇش-جېدەل يۈز بەرگەنىكەن.
بۇ
چاغدا ئاتىلىق غازى كۇچادىكى نارمۇھەممەد پەرۋانىچىنى ئەمىرلەشكەر
دەرىجىسىدە 1500 يىگىتى بىلەن، كورلىدىكى ھاجى مىرزىنى 500 يىگىتى بىلەن
ئۈرۈمچىگە بېرىشقا پەرمان چۈشۈردى. كورلىغا شۇ يەرلىك تاشلان قازىبەگنى
ھاكىملىققا تەيىنلىدى. تۇرپاندىكى ھېكىمخان تۆرەمگىمۇ ئۈرۈمچىگە يۈرۈش
قىلىش ئۈچۈن پەرمان قىلدى.
ھېكىمخان تۆرەم، نارمۇھەممەد پەرۋانىچى، ھاجى مىرزا، مەھمۇدبەگ ئۆرگەنجى،
ھەيدەر قۇل دادخاھ قاتارلىقلار 8000 ئادەم بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.
ئۈرۈمچىدىكى تۇڭگانلار دايەنشەي ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى تالىپ ئاخۇننى
ئۆزلىرىگە چوڭ قىلىپ ئۇنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا بويسۇنۇپ تۇرغانىكەن،
جانابىي ئاتىلىق غازىدىن تالىپ ئاخۇننىڭ نامىغا دايەنشەيلىك مەنسەپ ئۈچۈن
يارلىق كەلگەنىدى. ھېكىمخان تۆرەم باشلىق سەركەردىلەر بىلەن تۇڭگانلار
كېڭەش-مەسلىھەت قىلىشىپ ئىتتىپاق بولۇپ شى شىكۇڭدىن ئىنتىقام ئېلىش
قارارىغا كەلدى ۋە قوشۇنلارنى باشلاپ نەنسەندىكى خىتايلار ئۈستىگە بېسىپ
بېرىپ جەڭگە كىرىشىپ كەتتى. خىتايلار تەڭ كېلەلمەي، كىچىك نەنسەننى تاشلاپ
چوڭ نەنسەنگە قېچىپ كەتتى. ھېكىمخان تۆرەم باشلىق سەركەردىلەر نەنسەندە
تۇرۇپ، بولغان ۋەقەنى جانابىي ئاتىلىق غازىغا مەلۇم قىلدى. ئاتىلىق
غازىدىن: «نەنسەندىكى خىتايلار قاچقان بولسا كارىڭلار بولمىسۇن. ئەمدى
ئۈرۈمچىگە كېلىپ قىشنى شۇ يەردە چىقىرىڭلار»، دېگەن جاۋاب كەلدى.
بۇ
كەچكۈز پەسلى ئىدى. پەرمانغا بىنائەن غالىب قوشۇن ئۈرۈمچىگە كەلسە،
تۇڭگانلار تالىپ ئاخۇن دايەنشەينى بىر ئۆيگە قاماپ قويۇپ، داۋۇت خەلىپە لاۋ
رىنجانى ئۆزلىرىگە باش قىلىۋاپتۇ. شۇڭا ھېكىمخان تۆرەم باشلىق غالىب
قوشۇننى ئۈرۈمچىگە كىرگۈزمىدى. ئىككى ئوتتۇرىدا ئۇرۇش بولۇپ ئاخىر
تۇڭگانلار غالىب كەلدى. ئەھۋالنى ئاتىلىق غازىغا مەلۇم قىلىپ دەرھال
مەلۇمات ماڭدۇردى. ئەمما قوشۇن ئىچىدىكى پەيزى يۈز بېشى، ئاسرانقۇل قىپچاق
ۋە تاغايى قەرشىقلار باتۇرلۇقتا رۇستەمى داستان ۋە سامى نەرىماندىن زىيادە
قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتتى. ئەگەر بۇ باتۇر پەلۋانلار بولمىغان بولسا،
قوشۇن ئىچىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممىسىنىڭ جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئاسان ئەمەس
ئىدى.
مەلۇمات جانابىي ئاتىلىق غازىنىڭ ھۇزۇرىغا يېتىپ بارغان ھامان، ئاقسۇدىكى
ئۆمەرقۇل دادخاھ ئەمىرلەشكەر ۋە ئەزىم قۇل پانسات باشچىلىقىدىكى 7000
لەشكەرنى ھېكىمخان تۆرەم ۋە نار مۇھەممەد پەرۋانىچىلارغا ياردەم بېرىش
ئۈچۈن دەرھال ئاتلىنىشقا يارلىق چۈشۈردى. بۇلار يېتىپ بېرىپ تۇڭگانلار
بىلەن ئۇرۇشۇپ داۋۇت خەلىپە لاۋ رىنجانىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىنى قولغا
كىرگۈزدى. داۋۇت خەلىپە بىر مۇنچە تۇڭگانلار بىلەن قېچىپ چىقىپ ماناسقا
جېنىنى جايلىدى.
جانابىي ئاتىلىق غازى ئاقسۇدا توققۇز ئايدەك تۇرۇپ ئاندىن پايتەختى
قەشقەرگە قايتتى.
شۇ
ئەسنادا لاۋ رىنجا خەلىپە ماناستىن نۇرغۇن چېرىكنى باشلاپ كېلىپ ھېكىمخان
تۆرەم، نارمۇھەممەد پەرۋانىچى، يېڭىدىن كەلگەن ئەمىرلەشكەر باشلىق ھەممە
قوشۇننى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىچىگە قامىۋالدى. ئۈرۈمچى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق
ئالتە شەھەردىكى تۇڭگانلارنىڭ لاۋ رىنجا داۋۇت خەلىپىگە ئەقىدە-ئىخلاسلىرى
ناھايىتى زىيادە ئىكەن. 16 مىڭ تۇڭگان جەم بولۇپ كېلىپ ئۈرۈمچى شەھىرىنى
قورشاپ تۆت ئاي قامال قىلىپ ئاتىلىق غازىنىڭ لەشكەرلىرىنى شەھەردىن تاشقىرى
چىقارمىدى. ئەمما قامالدا قالغانلار تۈرلۈك ئىلاج ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ،
بولۇۋاتقان ئەھۋاللاردىن ئاتىلىق غازىنى خەۋەردار قىلدى. ئاتىلىق غازى
ئۆزىنىڭ مېھرىبان پەرزەنتى، دىل رىشتىسى بېكقۇلىبەگنى باش قىلىپ مۇھەممەد
كېرىم دادخاھ، ئېلىبەگ پانسات، مۇھەممەد سىيىت پانسات، نورۇز پانسات،
خالمان پانساتلارنى قوشۇپ 5000 يىگىتنى، تۆرە قۇل ۋە مۇھەممەد رېھىم
پالۋانلارنى بېاش قىلىپ 2000 سەرۋازنى، ئۆمەرخان ئىشانغا تۆت چوڭ توپنى
بېرىپ ھەممىسىنى قوشۇپ ئۈرۈمچىگە ماڭدۇردى.
بېكقۇلىبەگ دۆلەت ئىشلىرىنى ۋە لەشكەركەشلىك تەرتىپىنى جانابىي ئاتىلىق
غازىنىڭ قانۇن-قائىدىلىرى بويىچە تەييارلاپ سەپ-سەپ بولۇپ داغدۇغا بىلەن
توقسۇنغا يېتىپ باردى. توقسۇننىڭ ھاكىمى جاھان دادخاھ سوۋغا-سالاملار بىلەن
ئالدىغا چىقىپ قونالغۇلارنى تەييارلاپ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە خىزمىتىنى
قىلدى. جانابىي بېكقۇلىبەگ بەش كۈن ئارام ئېلىپ، ئۇ تەرەپنىڭ
ھال-ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ، ئاندىن ئۈرۈمچى تەرەپكە ئاتلاندى.
داۋانچىڭلىقلارمۇ ئاتىلىق غازىدىن يۈز ئۆرۈپ داۋۇت خەلىپە لاۋ رىنجاغا
ئىتائەت قىلغانىكەن. داۋانچىڭنى ئالماي تۇرۇپ ئۈرۈمچىگە بېرىش مۇمكىن ئەمەس
ئىدى. نائىلاج داۋانچىڭنى قولغا ئېلىش جېڭىنى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قىرىق
كۈن ئۆتكەندە غەلىبە شامىلى نامايان بولۇپ، مەقسەت گۈللىرى بېكقۇلىبەگنىڭ
قولىغا كەلدى. تۇڭگانلاردىن 1500دىن كۆپرەك ئادەم يوقىتىلدى. يىگىتلەردىن
200چىسى ئۆلدى، بىر نەچچىسى يارىدار بولدى.
داۋانچىڭ ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇلار ھېكىمخان تۆرەم ۋە نارمۇھەممەد
پەرۋانىچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يۈرۈش قىلىپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ باردى.
بېكقۇلىبەگ شەھەرنىڭ تېشىدىن ھېكىمخان تۆرەم ۋە پەرۋانىچىلار شەھەرنىڭ
ئىچىدىن ھەرىكەت قىلدى. قاتتىق جەڭ ۋە سوقۇشلار بولدى. ئاخىر ياقۇپبەگ
قوشۇنى غالىب كېلىپ تۇڭگانلارنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1289-
يىلى ئىدى. 15 مىڭدىن ئارتۇق تۇڭگان ھالاك بولدى. 1000دەك يىگىت چىقىم
بولدى. 400چىسى يارىدار بولدى. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە خەۋىرىنى «پەتھنامە» قىلىپ
ياقۇپبەگنىڭ دەرگاھىغا ئەۋەتتى. جانابىي ئاتىلىق غازى ھېكىمخان تۆرەم
باشلىق ھەممىسىگە تون-سەرۇپاي، تەڭگە-تىللا، ئات-ياراق ئىنئام قىلدى.
قوشۇن ئۈرۈمچىدە قامىلىپ تۇرغان كۈنلەردە يىگىتلەرنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى
ناچار بولۇپ كۆپ قىيىنچىلىقلارنى تارتتى. قىممەتچىلىكمۇ چېكىگە يەتتى. بىر
جىڭ ناننى بىر سەر كۈمۈشكە ئالدى. ھەتتا ئۇنىڭغىمۇ تېپىلمىدى. ئاتلارغا
تامنىڭ سۇۋاقلىرىنى سويۇپ، سۇدا يۇيۇپ سامىنىنى ئايرىپ بەردى. بۇنىڭ
بىلەنمۇ ئىلاج بولماي ئاتلار ئۆلدى.
ئۈرۈمچى قولغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، بېكقۇلىبەگ ھېكىمخان تۆرەمگە ئۆز
ۋەتىنى تۇرپانغا قايتىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلدى.
بېكقۇلىبەگ قالغان ئەمىر لەشكەر، پانساتلار بىلەن ئىككى ئاي ئۈرۈمچىدە
تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن كومادىغا ئاتلاندى. كومادىدا جەڭ ۋە ئۇرۇشلار
بولدى. بۇ ئۇرۇشتا خالىباي پانساتقا ئوق تېگىپ شېھىت بولدى. تۇڭگانلار
ئاقىۋەت تەڭ كېلەلمەي تارتۇق-پىشكەشلەر بىلەن چىقىپ ئەمىر-پەرمانلارغا
بويسۇنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ ئامانلىق تىلىدى. بېكقۇلىبەگ قوبۇل كۆرۈپ
يۇرتلىرىنى ئۆزلىرىگە بېرىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قايتتى.
بۇ
كۈنلەردە جانابىي ئاتىلىق غازى قەشقەردىن مەرغىلانىلىق يەھيا يۈز بېشىنى
مۇلايىم، شېرىن سۇخەن، قەنت-ناۋاتتەك تاتلىق گەپلەر بىلەن يېزىلغان خەت ۋە
سوۋغاتلار بىلەن ئەلچى قىلىپ ماناستىكى داۋۇت خەلىپە لاۋ رىنجانىڭ ئالدىغا
ئەۋەتكەنىدى. يەھيا يۈز بېشى داۋۇت خەلىپىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەلچىلىك
رەسمىيەتلىرىنى بەجا كەلتۈردى. ئەمما لاۋ رىنجا ئەنجانلىقلارنىڭ
گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلىمايمەن، ئەلچىسىنىمۇ كۆرمەيمەن، دەپ غەزەپ ئاچچىقى ۋە
جاھىللىقىدىن يەھيا يۈز بېشىنى دارغا ئاستى. بىللە بارغان ئادىمىنى
يوقاتتى. ئاتىلىق غازى داۋۇت خەلىپىنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنى ئاڭلاپ، غەزىپى
ئۆرلەپ ئاللابەگ پانسات، ھىسامىددىن پانسات، ئاخۇن پانسات، باقى
پانساتلارنى باش قىلىپ 2000 لەشكەرنى ماناسقا ماڭدۇردى. بۇلار يېتىپ بېرىپ
بېكقۇلىبەگكە ئۇچرىشىپ ئۇلار بىرلىكتە ئاتلىنىپ ماناسقا يېتىپ بېرىپ
شەھەرنى مۇھاسىرە قىلدى ۋە جەڭلەر بولدى. ئۇلار بىر نەچچە قېتىم مەغلۇپ،
نەچچە قېتىم غالىب بولۇپ ئۇرۇشتى. ئاقىۋەتتە ماناسمۇ ئېلىندى. شۇ كۈنى
داۋۇت خەلىپە زەھەر يەپ ئۆز جېنىنى ئۆزى ئەزرائىلغا تاپشۇردى. پۈتۈن
مال-مۈلكىنى غالىب قوشۇن تاپشۇرۇۋالدى. بۇ ئۇرۇشتا 300دىن كۆپرەك يىگىت
ئۆلدى. 2000دىن ئارتۇق تۇڭگان يوقىتىلدى.
تۇڭگانلارنىڭ شەھەرلىرى ئىككىنچى قېتىم ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىغا تەۋە
بولدى. ئۈرۈمچىگە تەۋە ئالتە شەھەردىكى پۈتۈن تۇڭگانلارنى چوڭ-كىچىك،
باي-كەمبەغەل دەپ ئايرىماي ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ خەتلەپ، بايلىرىغا 1000
سەردىن كۈمۈش، ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەكلىرىگە 800 سەر، ئەڭ كەمبەغىلىگە 10 سەردىن
كۈمۈش سېلىق سېلىپ زورلۇق بىلەن يىغىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەممە تۇڭگانلار
ئاجىز ۋە خارابلىققا يۈز تۇتتى.
بېكقۇلىبەگ كەنجى ئاخۇن دېگەن بىر سالا تۇڭگاننى ھەممە تۇڭگانلارغا
دايەنشەي قىلىپ، ئۈرۈمچى ئالتە شەھەر تۇڭگانلىرىنى شۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بۇ
تەرەپنىڭ ئىشلىرىنى سەرەمجان قىلىپ ھەممە غالىب قوشۇنلار بىلەن تۇرپانغا
قايتتى. تۇرپاندىكى مازار-ماشايىخ، شېھىتلەرگە قۇرئان شېرىپنى خەتمە
قىلدۇرۇپ، ئاجىز-بىچارە، كەمبەغەللەرگە نەزىر-چىراق، سەدىقىلەرنى بېرىپ
دۇئاسىنى ئالدى.
كورلا ھاكىمى ھاجى مىرزا بىپەرۋالىق قىلىپ قالماقلارنىڭ خانى خوتۇنخاننى
قولدىن چىقىرىپ قويدى ۋە بىر نەچچە ئادەملەر زايە بولدى. بۇ گۇناھلىرىنى
گەدىنىگە قويۇپ كورلىنىڭ ھاكىملىقىدىن ئېلىۋېتىپ قەشقەرگە ئاپىرىپ ئۈچ يىل
توختىتىپ قويدى. كورلىغا نىياز مۇھەممەد توقسابەنى ھاكىم قىلدى. ياقۇپبەگ
نارمۇھەممەد پەرۋانىچىنى كونا سىپاھ دەپ قاراپ ئىلگىرى ھېكىمخان تۆرەم
ئىككىسىنى ئۈرۈمچىگە بۇيرۇغان نارمۇھەممەد پەرۋانىچىنى ئەمىر-لەشكەر
دەرىجىسىدە قىلىپ، مۇھىم ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا ھېكىمخان تۆرەمنى نارمۇھەممەد
پەرۋانىچىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشنى بەلگىلەپ پەرمان چۈشۈرگەنىدى. ئۈرۈمچىگە
بارغاندىن كېيىن نارمۇھەممەد پەرۋانىچى دايەنشەينىڭ ئوغلى تالىپ ئاخۇندىن
بىر مۇنچە نەقدىنە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى مەخپىي ئېلىپ جانابىي ئاتىلىق غازىغا،
«تالىپ ئاخۇننى ئۈرۈمچىگە دايەنشەي قىلىپ بېرىلسە، تۇڭگانلار تالىپ ئاخۇننى
خالايدىكەن»، دەپ ئەرز بەرگەنلىكتىن تالىپ ئاخۇننى دايەنشەي قىلىپ يارلىق
چۈشۈرگەنىدى. ئەمما تۇڭگانلارنىڭ چوڭلىرى تالىپ ئاخۇنغا ئىتائەت قىلىشنى
نومۇس بىلىپ ئىككىنچى قېتىم داۋۇت خەلىپىنى ئۆزلىرىگە باش قىلىپ ئاتىلىق
غازىغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقانىكەن. شى شىكۇڭنىڭمۇ سۇ يەنشەيگە
قەدىمدىن تارتىپ ئاداۋىتى بولغانلىقتىن ئاتىلىق غازى تۇرپاندا سۇ يەنشەي
بىلەن سوقۇشۇۋاتقان چاغدا تۇرپانغا بېرىپ ئاتىلىق غازىغا ياردەم بېرىپ
خىزمەت كۆرسەتكەنىدى. بۇ ۋەقە يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتۈلدى.
چوڭ-كىچىك پۈتۈن تۇڭگانلارنىڭ داۋۇت خەلىپە لاۋ رىنجاغا بولغان
ئەقىدە-ئىخلاسلىرى ھەددىدىن زىيادە ئىدى. نار مۇھەممەد پەرۋانىچى داۋۇت
خەلىپىنى تۇڭگانلارغا چوڭ قىلىپ بېرىلسە، دەپ ئەرز قىلغان بولسا، ئاتىلىق
غازى يارلىق چۈشۈرۈپ داۋۇت خەلىپە تۇڭگانلارغا باشلىق بولغان بولسا، بۇ
جېدەل-ماجىرالارنىڭ بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى. يىگىت ۋە تۇڭگانلارنىڭ
خۇنلىرىمۇ تۆكۈلمەس ئىدى. جانابىي ئاتىلىق غازى بۇ ئەھۋاللارنى بىلىپ،
نارمۇھەممەد پەرۋانىچىغا كايىپ قەشقەرگە ئاپىرىپ سوغۇق ئۆيگە سولاپ قويۇپ
مۇزلىتىپ ئۆلتۈردى. كۇچاغا ئامىلخان تۆرەمنى ھاكىم قىلدى. ئۈرۈمچى ۋە
ماناسلاردا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن ئاسرانقۇلنى پانسات قىلدى. تاغايى قەرشىقنى
ياساۋۇللارغا يۈز بېشى قىلدى. پەيزى يۈز بېشى ئۆزىنىڭ پانساتى مەھمۇد
ئۆرگەنچىگە گەدەنكەشلىك قىلغانىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن كايىپ مۇز داۋانغا
كەلگەندە ئەمىلىدىن بوشاتتى، پەيزى يۈز بېشى مۇز داۋاندىن قاچقانىدى،
تۇتتۇرۇپ كېلىپ گۇناھلىرىنى گەدىنىدە قويۇپ شۇ يەردىلا يوقاتتى. ئۈرۈمچىنى
كەنجى ئاخۇنغا تاپشۇردى. يۈسۈپ ئاخۇن تۇڭگاننى يىگىتلەرگە ياساۋۇل بېشى
قىلىپ تەيىنلىدى. ئۈرۈمچى كوناشەھەرگە تۇردى قۇلى دادخاھنى ئەمىرلەشكەر
قىلىپ تۆت پانسات بىلەن 1000 يىگىتنى قويدى. تۆت پانسات ھەر يىلى نۆۋەت
بىلەن ئالمىشىپ تۇردى. تۇڭگانلار تىنچ ۋە خاتىرجەملىك بىلەن ئۆز
ھۈنەر-كەسىپلىرىگە مەشغۇل بولدى. بۇ چاغ تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1290- يىلى
ئىدى.
جانابىي بېكقۇلىبەگ غەلىبە بىلەن پايتەخت قەشقەرگە قايتىپ ئاتىلىق غازى
بىلەن كۆرۈشتى. تۇڭگانلاردىن ئولجا ۋە ئالۋانغا ئالغان يامبۇ، كۈمۈش، چىنە،
چاي قاتارلىق ئېسىل ماللارنى بىرمۇ بىر تىزىملاپ دۆلەتلىك خەزىنىگە
تاپشۇرۇپ بەردى. تۇڭگانلارنىڭ شەھەرلىرىدە بولغان ۋەقەلەرنى ياقۇپبەگكە
تەپسىلىي مەلۇم قىلدى. ئاتىلىق غازى خۇرسەن بولۇپ ماختاپ ئاپىرىنلار
ئوقۇدى. بېكقۇلىبەگنى پۈتۈن غالىب قوشۇننىڭ ئۈستىگە ئەمىرلەشكەر،
ئەمىرىلئۇمرا قىلدى. قالغان ئەمىرلەشكەر، پانسات، يىگىت-سەرۋازلارغىمۇ ئۆز
لايىقىدا ئىنئاملار قىلىپ ھەممىنى خۇرسەن ۋە رازى قىلدى. بۇنىڭ شۈكرانىسىگە
چوڭ توي قىلىپ ئۆلىما، سەيىد ئەمىرلەشكەر، پانسات، يىگىت-سەرۋاز، پۈتۈن
ئاھالە، پۇقرا، بارلىق غېرىب-غۇرۋالارغا تون-سەرۇپاي، تىللالارنى بېرىپ،
تۇل خوتۇن-يېتىم ئوغۇللارغا نەزىر-چىراق، سەدىقىلەرنى بېرىپ بىر نەچچە
قارىيلار خەتمە-قۇرئان قىلىپ، بۇلارنىڭ ساۋابىنى ئەرۋاھلارغا بېغىشلىدى.
ئاتىلىق غازى دەسلەپ تۇرپان، ئۈرۈمچىلەرنى ئېلىپ ياندى. ئىككىنچى قېتىم
بېكقۇلىبەگ بېرىپ يېڭىباشتىن بويسۇندۇردى. بۇ ئارىدا تولۇق ئۈچ يىل ۋاقىت
ئۆتتى. نۇرغۇن خەزىنە-دەپنە بايلىقلارغا زىيان بولدى. بۇ شەھەرلەرنىڭ
باج-خىراجلىرى يەتمىدى. بولۇپمۇ نۇرغۇنلىغان قىممەت باھالىق كاتتا ئارغىماق
ئاتلار ھالاك بولدى. قىممەتچىلىك بولۇپ كېتىپ يىگىت-سەرۋازلار ئات گۆشىنى
يېگەنلىكتىن، قورساق ئاغرىقىغا گىرىپتار بولۇپ، ئىچى سۈرۈش سەۋەبى بىلەن
بىر مۇنچىسى ئۆلدى. تۇڭگانلاردىن قەھرىمانلارنىڭ تىغى، پادىشاھنىڭ
سىياسىتى، بەلكى قۇدرەتلىك تەڭرىنىڭ ئىرادە-تەقدىرى بىلەن 200 مىڭدىن
كۆپرەكى پالاكەت دەرياسىغا غەرق بولۇپ، ئۇ دۇنيانىڭ بازىرىنى ئاۋات قىلدى.
ئۇرۇش ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتكەن چوڭ-كىچىك، ئوغۇل-قىز نارەسىدە بالىلارنىڭمۇ
ھېسابى يوق. خىتاي، قالماق ۋە تۇڭگانلارنىڭ بالىلىرىنى سودىگەرلەر ئولجا
تەرىقىسىدە ئەسىر ئالدى. بەزىلىرىنى ئاتا-ئانىلىرى ئازغىنا ئاش-ئوزۇق،
نان-توقاچقا ساتتى. بەزىلىرىنى قورسىقىنى بېقىپ خىزمىتىگە سېلىش ئۈچۈن
كىشىلەرگە بىكارغا بەردى. مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ قىزلىرىنىڭ چوڭ قىلىپ ئۆز
ئەمرىگە ئالدى ياكى بىرگە نىكاھ قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆي-ئوچاقلىق،
بالا-پەرزەنتلىك بولدى. بۇلاردىن تۇغۇلغان بالىلار چوڭ بولۇپ ئادەم
قاتارىغا كىرىپ مۇسۇلمانلار بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى. بۇ بالىلارنى مەكتەپكە
بېرىپ ئوقۇتۇپ خەت-ساۋادىنى چىقىرىپ موللا قىلدى. بەزىلىرىنى ھۈنەرگە بېرىپ
كەسىپدار قىلدى. بەزىلىرى مۇرەتتەپ قارى بولۇپ كامالەتكە يەتتى.
شۇ
چاغلاردا بۇ ئالتە شەھەردىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆيىدە يېڭى مۇسۇلمان بولغان
خىتاي، قالماق، تۇڭگانلارنىڭ بالىلىرىدىن تۆت-بەشى، ئاز دېگەندە
بىر-ئىككىسى بار ئىدى. بۇ ئالتە شەھەردىن ئېشىپ-تېشىپ پەرغانە ۋىلايىتى،
بۇخارا، تۈركىستان، بەدەخشان، ھەتتا رۇم، ھىندىستانلارغىچە ئەپكەتكەنىدى.
ئۇلار مۇسۇلمانچىلىق قائىدە-يوسۇنلىرىدا چىڭ ۋە مۇستەھكەم بولۇپ، بارغان
جايلىرىدا يەر-سۇ، جاي-مۈلۈك ئېلىپ ئۆمۈر ئۆتكۈزدى.
ئۇلۇغ مېھرىبان تەڭرىم: ئۆز قۇدرىتىڭ ۋە رەھمىتىڭ بىلەن شۇ يېڭى
مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە «لائىلاھە ئىللەللاھۇ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دېگەن
كەلىمە شېرىپنى تىلىغا جارى قىلغان ھەممە بەندىلىرىڭنىڭ چوڭ-كىچىك
گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلغىن. «چىن ئىخلاسى بىلەن لائىلاھە ئىللەللاھۇ،
مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ دېگەن كىشى جەننەتكە كىرىدۇ»، دېگەن ھەدىسنىڭ
مەزمۇنى بويىچە قىيامەت كۈنى سوئال-سوراقسىز جامالىڭغا مۇشەررەپ قىلىپ،
يۈزىمىزگە جەننەتنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋەتسەڭ، سېنىڭ دەرگاھىڭدا ھېچقانچە ئىش
ئەمەس. چۈنكى سەن كەرەملىك سېخىيسەن. بەندىلىرىڭگە مېھرىبان ۋە
شەپقەتلىكسەن.
11
بەدۆلەت ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ ئىككىنچى قېتىم تۇرپانغا يۈرۈش
قىلغانلىقى ۋە دۆلىتى ئالىيلىرىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقى؛ بەلكى دۆلەت
قۇياشىنىڭ غەربكە قاراپ پەسلىگەنلىكى
تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1288- يىلى (چاشقان يىلى) ياز پەسلىنىڭ ئاخىرىدا
ياقۇپبەگ ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاننىڭ جەڭلىرىدىن خاتىرجەم بولۇپ، ھەيۋەت سۆلەت
بىلەن قايتىپ ئاقسۇ شەھىرىگە كەلدى ۋە موللا جىيان مىرزا بېشىنى گۇناھكار
قىلىپ ئاقسۇدىن يۆتكىۋېتىپ، ئورنىغا كۇچالىق ئابدۇراھمان دادخاننى قويۇپ،
مۇھەممەد مۇسا توقسابەنى سالام ئاغىسى قىلىپ ئەۋەتكەنىدى.
تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1289- يىلى (كالا يىلى) باش باھار پەسلى پەرزەنتى
بېكقۇلىبەگنى ھېكىمخان تۆرەمگە ياردەم بېرىپ ئىككىنچى قېتىم ئۈرۈمچىنى
بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەنىدى. بېكقۇلىبەگ ئۈرۈمچى تەۋەسىنى قولغا
كىرگۈزۈپ 14 ئاي بولغاندا، يەنى تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1290- يىلى ياز
پەسلىدە يېنىپ كېلىپ ئاتىلىق غازى بىلەن كۆرۈشكەنىدى. 1291- يىلى بىر يىل
يۇرت ئىچى تىنچ، خاتىرجەملىك بىلەن ئۆتتى، ئەمما تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1292-
يىلى قۇمۇل، لەنجۇ تەرەپلەردىن داخۇ، شياۋخۇ ئىسىملىك ئىككى تۇڭگان
(بۇلارنىڭ ئەھۋالى مۇشۇ كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە بايان قىلىندى) 30 مىڭدىن
كۆپرەك ئاتارمەن-چاپارمەن تۇڭگانلارنى باشلاپ تۇرپان تەۋەسىدە پەيدا بولدى.
بۇلارنىڭ مەقسىتى ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ خىزمىتىگە كىرىپ ئۇنىڭغا
ئىتائەت قىلساق ۋە ھەممىمىز ئىتتىپاقلىشىپ بېيجىڭ خىتايلىرىغا تاقابىل
تۇرساق، دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. ئەسلىدە بۇ داخۇ، شياۋخۇ دېگەن تۇڭگانلار
بېيجىڭ تەرەپتىن چىققان نۇرغۇن خىتاي چېرىكلىرىگە تەڭ كېلەلمەي قېچىپ بۇ
تەرەپكە كەلگەنىدى. ھېكىمخان تۆرەم نۇرغۇن تۇڭگانلارنىڭ تۇرپان تەۋەسىگە
كەلگەنلىكىدىن ۋاقىپ بولۇپ، ئالدىغا نۇرغۇن قوشۇن چىقىرىپ ئۇلارنى تۇرپانغا
كىرگۈزمىدى ۋە تۇرپاننىڭ سىرتىدىنلا ماناس، ئۈرۈمچى تەرەپكە ئۆتكۈزۈۋېتىپ،
ئۇلارغا شۇ ئەتراپتا تېرىقچىلىق قىلىپ ھوسۇل ئالغۇدەك كەڭرى
زېمىن-يايلاقلارنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇلارمۇ دېھقانچىلىق قىلىپ كۈن
كەچۈرۈشنىڭ تەرەددۇتىغا كىرىشتى. بۇ تۇڭگانلار قۇمۇلنىڭ
شەھەر-سەھرالىرىدىكى ئاھالىنى بۇلاپ-تالاپ، ئۇلارنى ئەر-ئايال،
خوتۇن-بالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆز ماكانلىرىدىن ئايرىپ بىللە ئېلىپ
كەلگەنىكەن. ھېكىمخان تۆرەم بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ ئۇلارغا
رەھىم-شەپقەتلىرى تۇتۇپ، بۇلار جايلاشقان سەھرالارغا ئاش-ئوزۇق چىقىرىپ
بەردى. بۇنىڭدىن بۇرۇن يەنى تۇرپاننى ئاتىلىق غازى ئۆزىگە ئىتائەت
قىلدۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئۈرۈمچىدىكى دايەنشەي، سۇيەنشەي دېگەن تۇڭگانلارمۇ
قۇمۇلغا 30 مىڭ تۇڭگان بىلەن بېرىپ، قۇمۇل ۋاڭىنى ئۆلتۈرۈپ، يۇرتىنى
تالان-تاراج قىلىپ بىر مۇنچە قۇمۇل خەلقىنى ۋاڭنىڭ ئاغىچىسى بىلەن قوشۇپ
ئېلىپ كەلگەنىدى.
جانابىي ئاتىلىق غازى بۇرۇن لوندونغا ― پەرەڭ مەلىكىسىگە دوستلۇق
ئالاقىسىنى ئورنىتىش مەقسىتىدە نۇرغۇن تارتۇق-پىشكەشلەر بىلەن ئابدۇسەمەت
ئىشىكئاغىنى ئەۋەتكەنىكەن. بۇ سوۋغا-سالاملار پەرەڭ مەلىكىسىگە بەكمۇ
يارىغانلىقتىن، ياقۇپبەگكە 20 مىڭ پىستانلىق مىلتىق سوۋغات قىلغانىكەن. بۇ
مىلتىقلارنى ئاتىلىق غازى ئۆزىنىڭ يىگىت-سەرۋازلىرىغا تارقىتىپ بەرگەنىدى.
يەنە
بىر ۋەقە، ئەھرارخان تۆرەم ۋە مۇھەممەدجان بايلارنى نۇرغۇن
تارتۇق-پىشكەشلەر ۋە كۆپلىگەن تىللا-تەڭگىلەر بىلەن مىلتىق ئېلىپ كېلىش
ئۈچۈن يەنە ئەۋەتكەنىدى. 40 مىڭ دوملە ۋە كالتوس مىلتىق، 100 ئاتتا ھەر
شىرەسى 100 جىڭدىن كېلىدىغان 200 شىرە ئېسىل چاي ئەكىلىپ ئاتىلىق غازىنىڭ
نەزەرىدىن ئۆتكۈزگەنىدى. ئاتىلىق غازى بۇ 200 شىرە چاينىڭ شىرەلىرىنى
ياردۇرۇپ ئوردىنىڭ سەھنىسىگە خامان قىلىپ تۆكتۈرۈۋىدى، يوغان بىر دۆۋە
بولدى. بۇ چايلارنى ئەمىرلەشكەر، پانسات، يىگىت-سەرۋازلار، چوڭ-كىچىك
ئەمىر-ئەمەلدار، ھەتتا بالىلارغىچە دەرىجىسىگە قاراپ ئون لېگەن، بەش
لېگەندىن، ئەقەللىي ئەڭ تۆۋەنلىرىگە بىر لېگەندىن ئىنئام قىلدى. مۇلازىملار
ھېچقايسىسى بۇ ئىنئامدىن قۇرۇق قالمىدى. بۇ چاي شۇنداق پۇراقلىق چاي
ئىكەنكى، ئوردا ئىچى، بەلكى شەھەر ئىچىنى مۇشكى-ئەنبەردەك خۇشبۇي
قىلىۋەتتى.
مۇشۇ
كۈنلەردە ئاتىلىق غازىنىڭ كۆڭلىدە يەنە بىر قېتىم سەپەر قىلىش ئارزۇسى
پەيدا بولغانىدى. ئۇشتۇمتۇت پەرغانە ۋىلايىتىدىكى قىپچاق ئاپتابەچىدىن
«قورال-ياراق، توپ-زەمبىرەك بىلەن 2000 تۇڭگان ئەۋەتسىڭىز، ئورۇسلار بىلەن
سوقۇشۇپ پەرغانە ۋىلايىتىنى ئورۇسلاردىن تارتىۋالسام» دېگەن خەۋەرنى ئېلىپ
ئەلچى كەلدى. ئەسلىدە بۇ ئاپتابەچى ئۆز ئەتراپىغا بىر مۇنچە قىپچاقلارنى
يىغىپ روسىيىگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ، چەت-ياقىلاردا كۈن ئۆتكۈزۈپ
يۈرگەنىدى. ئاتىلىق غازىغا تەڭرىدىن تۇيۇقسىز بىشارەت بولغاندەك
ئاپتابەچىگە: «ماڭا ئۈرۈمچى تەرەپتىن دۈشمەن پەيدا بولدى. شۇڭا ئۆزۈم
ئاتلانماقچى بولۇپ تەييارلانغانىدىم. خۇدا خالىسا پات-يېقىندا قايتىپ كېلىپ
نۇرغۇن قوشۇن بىلەن بېرىپ سىزگە ئۆزۈم ياردەم بېرەي. 2000 ئادەم بىلەن
روسىيىدەك بۇ چوڭ يۈكنى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ»، دېگەن تاتلىق گەپ، مۇلايىم
سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭ ئەلچىلىرىنى يولغا سالدى.
جانابىي ئاتىلىق غازىنىڭ دۆلەت ئاپتىپىنىڭ نۇرى زاۋالغا، بەخت-دۆلەتلىرى
راۋاجلىقتىن چۈشكۈنلۈككە يۈز كەلتۈرگەنىدى. ئۇ تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1292-
يىلى كۈز پەسلىدە يېڭىسارغا كەلدى. يولغا چىقىدىغان چاغدا: «خاقانى چىن
تەرەپتىن نۇرغۇن قارا چېرىك قۇمۇلغا كەپتۇ»، دېگەن خەۋەرمۇ كەلگەنىدى. بۇ
چاغدا ئۆمەر قۇل دادخاھ، جامەدار دادخاھلار باشلىق بىر نەچچە سادىق، ياخشى
نىيەتلىك كىشىلەر: «جانابىي ئالىي پايتەختىدىن قوزغالمىسا، ھەر قانداق
خىزمەت بولسا بىز كەمىنە قۇللىرىغا پەرمان بەرسە، بېرىپ بىجانىدىل ئادا
قىلىپ كەلسەك»، دەپ ئىلتىماس قىلدى. ئاتىلىق غازى: «سىلەر قەشقەردە تۇرۇپ
تۇرۇڭلار، ئۆزۈم بېرىپ كېلەي»، دەپ قوبۇل قىلمىدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئۆمەر
قۇل دادخاھ ۋە جامەدار دادخاھلار «بىز بارماي ھېچقانداق شەھەر ئېلىنغىنى
يوق»، دېگەنىكەن. مۇشۇ ۋەجىدىن بۇلارنى قەشقەردە بېكقۇلىبەگنىڭ قېشىدا
قويۇپ، ئۆزى ئاتلىنىپ ماڭغانىدى. ئۇ يېڭىساردىن يولغا چىقىپ يەكەنگە كېلىپ
چۈشتى. يەكەننىڭ قازى رەئىسى موللا نىئمان ئاخۇن ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن
ئارتۇق ئوشۇقچە ئىشلارنى قىلغانىكەن. خۇسۇسەن ئالىي ئوردا تەقلىدىدە قىلىپ
بىر كاتتا ھويلا-ئىمارەت ياساتقانىكەن. بۇ ئىش ئاتىلىق غازىنىڭ
سەمى-قۇلىقىغا ئاڭلانغاندىن كېيىن بىر كېچىدە ئۆزى مەخپىي بېرىپ ئەينى
ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن قازى رەئىسىنى چاقىرتىپ كېلىپ ئەمىلىدىن ئېلىپ
تاشلاپ نەزەربەند قىلدى ۋە مال-مۈلكىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇۋالدى. 200
سەرۋازغا مەزكۇر ئىمارەتنى چېقىپ-بۇزۇپ، ئورنىغا تەرەتخانا سېلىشقا پەرمان
بەردى. سەرۋازلار بۇ ئىمارەتنى 15 كۈندە ئاران-ئاران بۇزۇپ بولدى.
جانابىي ئاتىلىق غازى يەكەندە 20 كۈن تۇرغاندىن كېيىن يولغا چىقىپ ناھايىتى
داغدۇغا ۋە ھەشىمەتلەر بىلەن ئاقسۇغا يېتىپ باردى. بۇ دەل كۈز پەسلى ئىدى.
ئۇ بۇ يىلقى قىشنى ئاقسۇدا چىقاردى. ئەمما ئۈرۈمچى تەرەپكە ئارقا-ئارقىدىن
لەشكەر ماڭدۇردى.
خوتەندىن نىياز ھېكىمبەگ 90 تارتۇق ئېلىپ سالامغا كەلگەنىدى. ئۇنىڭغا جاۋاب
بەرمەي توختىتىپ قويدى. قىش ئۇزاپ باھار كەلدى. بۇ چاغ تارىخىي ھىجرىيىنىڭ
1293- يىلى باھار پەسلى ئىدى.
ياقۇپبەگ ئەمدى ئۆزىنىڭ ئەسلى مەقسەت ۋە نىشان تەرىپىگە يۈرۈش قىلىش
قارارىغا كەلدى. نىياز ھېكىمبەگنى ھەمراھ قىلىپ بىللە ئېلىپ ھەيدە قۇل
دادخاھ، كېرىمباي مىرزا پانسات، شاغاۋۇل دادخاھنىڭ ئوغلى ئىسھاقجان پانسات،
ئابدۇراھمان دادخاھنىڭ ئوغلى ھاپىزبەگ پانسات باشلىق 10 مىڭ يىگىت، 3000
سەرۋاز ۋە توپ-زەمبىرەك قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئېلىپ ھەيۋەت ۋە داغدۇغىلار
بىلەن ئارغىماقلىرىغا مىنىشىپ ئاستا-ئاستا كۇچاغا يېتىپ باردى. بىر نەچچە
كۈن تۇرغاندىن كېيىن ئۇ يەردىن كورلىغا باردى. شۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىكى
تۇڭگانلارنىڭ چوڭى كەنجى ئاخۇندىن: «خاقانى چىن تەرىپىدىن بىر مۇنچە
خىتايلار چىقىپ گۇچۇڭغا كەلدى»، دېگەن مەلۇمات يېتىپ كەلدى. ئاتىلىق غازى
بۇ مەلۇماتنى كۆرگەندىن كېيىن راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، تاغاي
ياساۋۇلنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتتى. تاغاي ياساۋۇل ئۈرۈمچىگە بېرىپ قايتىپ
كەلگەندىن كېيىن: «بىر مۇنچە پاراكەندە، تېرىندى خىتايلارنىڭ گۇچۇڭغا
كەلگەنلىكى راست ئىكەن»، دەپ خەۋەر ئەكەلدى. ئۇنىڭغىچە ئاتىلىق غازى
كورلىدىن قوزغىلىپ چىقىپ، قاراشەھەردىن ئۆتۈپ ئۇششاقتالنى چۈشكۈن قىلىپ
ئورۇنلاشقانىدى. تاغاي ياساۋۇل: «پاراكەندە تېرىندى خىتايلار ئىكەن»، دەپ
مەلۇمات بەرگەنلىكتىن ئۇششاقتالدىن چىقىپ ئۇدۇل توقسۇنغا بېرىپ
چېدىر-بارگاھلىرىنى تىكىپ ئورۇنلاشتى.
ئاتىلىق غازى كورلىدىكى چېغىدا ئاقسۇدىكى ئوغلى ھەققۇلىبەگكە:
«پالانى-پالانى پانساتلارنى ئېلىپ دەرھال يېتىپ كېلىڭ»، دەپ يارلىق
ئەۋەتكەنىدى. ھەققۇلىبەگ يارلىق بويىچە مۇھەممەدكېرىم دادخاھ، ۋاللابەگ،
باتۇر پانسات، ئالىمباي پانسات باشلىق 7000 يىگىت، 3000 سەرۋاز، جەمئىي 10
مىڭ لەشكەر بىلەن توقسۇنغا يېتىپ كېلىپ ئاتىلىق غازى بىلەن كۆرۈشتى.
ئاڭغىچە ئاتىلىق غازى توقسۇندا بىر شەھەر بىنا قىلدۇرغانىدى. ھەققۇلىبەگنى
يىگىت-سەرۋازلىرى بىلەن شۇ شەھەرگە چۈشۈردى. بۇ يازنىڭ باشلىنىش ۋاقتى
ئىدى.
ياقۇپبەگ تۇڭگان ما دالويىغا ئەزىمقۇل پانسات قاتارلىق تۆت پانساتنى قوشۇپ،
1500 تۇڭگان لەشكىرى بىلەن ئۈرۈمچى كومادىغا ئەۋەتتى. ئۇلار ئۈرۈمچىگە
بارغاندىن كېيىن ئەزىمقۇل پانسات يىگىتلىرى بىلەن كومادىغا باردى. قالغان
پانساتلار ئۈرۈمچىدە تۇردىقۇل دادخاھنىڭ قېشىدا قالدى. مۇشۇ ئەھۋالدا گۇچۇڭ
تەرەپتىن نۇرغۇن خىتاي چېرىكلىرى كېلىپ، ئەزىمقۇل پانسات بىلەن ئۇرۇشۇپ
ئۇلارنى شەھەرگە قامىۋالدى. ئەزىمقۇل پانسات بىر نەچچە كۈن قورشاۋدا قالدى.
ئاخىر خىتاي چېرىكلىرى غەلىبە قىلىپ كومادىنى ئالدى. ئەزىمقۇل پانسات بۇ
ئۇرۇشتا شېھىت بولدى. يىگىتلىرىنىڭ تولىسى زايە بولدى. يارىدار بولغان
يىگىتلەر ئاتىلىق غازىنىڭ ھۇزۇرىغا يېتىپ كېلىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلسا،
ياقۇپبەگ بۇلارغا قىلچە ئەھمىيەت بەرمىدى. ما دالويە تۇڭگان لەشكەرلىرىنى
ئېلىپ ئەزىمقۇل پانساتقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ماڭغانىدى. چىداۋانغا بارغاندا
خىتاي چېرىكلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ نۇرغۇن جەڭلەرنى قىلدى. ئاخىر
خىتايلارنى ئارقىسىغا چېكىندۈردى. مۇشۇ چاغدا ياقۇپبەگدىن: «خىتايلار بىلەن
ئۇرۇشماڭلار، مادالويە يېنىپ كەلسۇن»، دېگەن پەرمان يېتىپ باردى. شۇنىڭ
بىلەن ياقۇپبەگ مادالويەنى ئەكەلدۈرۈپ: «تۇڭگانلاردىن 5000 يىگىت تەييارلاپ
تۇرۇڭ. ۋاقتى كەلگەندە پەرمان ئەۋەتىمەن. شۇنىڭغا قاراپ ئىش قىلغايسىز»،
دەپ 100چە تۇڭگان يىگىتى بىلەن قەشقەرگە ئەۋەتىۋەتتى. نىياز مۇھەممەد
توقسابە ۋە ھەيدەرقۇل دادخاھنى ئالتە پانسات بىلەن داۋانچىڭغا بېرىپ شەھەر
بىنا قىلدۇرۇشقا ئەۋەتىۋەتتى. تېز پۇرسەتتە شەھەر بىناسى پۈتۈپ ھەممە
قوشۇنلار كىرىپ ئورۇنلاشتى. بۇ ۋاقىتتا داخۇ، شىياۋخۇ دېگەن تۇڭگانلار
ئۈرۈمچى ۋە ماناس تەرەپتىن كېلىپ ئاتىلىق غازىنى زىيارەت قىلدى. ئاتىلىق
غازى بۇ تۇڭگانلارغا بىر نەچچە كۈن زىياپەتلەر قىلىپ ئۆز لايىقىدا
تون-سەرۇپاي، تەڭگە-تىللا ئىنئام قىلىپ ھەممىسىنى رازى قىلىپ، كۆڭۈللىرىنى
ئۆزىگە رام قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۈرۈمچى تەرەپكە ياندۇردى.
جانابىي ئاتىلىق غازى ئەمىر لەشكەر، پانساتلارغا: «خىتايلار بىلەن
ئۇرۇشماڭلار!» دەپ پەرمان قىلىپ قايتا-قايتا تەكىتلىدى. ئاتىلىق غازىنىڭ
لەشكەرلىرى ئۇرۇشماي جىم تۇرسىمۇ خىتاي چېرىكلىرى ئۇرۇش باشلىدى. يىگىتلەر
ئۆز جېنىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن نائىلاج ئۇرۇشۇپ ئۆزىنى قوغدىدى. شۇنداق
تۇرۇقلۇق ئاتىلىق غازى: «نېمە ئۈچۈن ئۇرۇشىسەن؟» دەپ كايىپ خاپا بولدى.
مۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب، ئاتىلىق غازىنىڭ خاقانى چىن بىلەن يارىشىپ، سۈلھ
قىلىپ ئەھدە-توختام تۈزسەم، دېگەن مەقسىتى بار ئىدى. بۇ قېتىم خىتايلارنىڭ
بىر مۇنچە چوڭ مەنسەپدارلىرى قولغا چۈشكەنىدى. ئۇلارغا دەخلى-تەرۇز قىلماي
ھەممىسىنى ئاقسۇ، كۇچا، باينىڭ ھاكىملىرىغا ئەۋەتىپ بىر نەچچە زامان ئوبدان
ئاسراپ باقتى. كېيىن «بۇيرۇق كەلدى»، دەپ ئۇلارنى يوقاتتى.
مۇشۇنداق ئەھۋالدا خىتايلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىنئام خوجا
ئىشاننى ئەۋەتتى. ئىنئام خوجا ئىشان: «خىتايلار ھەددى-ھېسابسىز كۆپ ئىكەن.
ئەلەم-بايراقلىرىنىڭ نۇرغۇنلىقىدىن بېشى بىلەن ئايىغى زادى كۆرۈنمەيدۇ.
ئۇلار خاقانىي چىننىڭ پەرمانى بىلەن چىققان چېرىكلەر ئىكەن»، دەپ مەلۇمات
ئەكەلدى.
ھېكىمخان تۆرەمنىڭ يىگىتلىرىدىن ئاقسۇلۇق باقىشبەگ ۋە سىدىقبەگ،
يۈسۈپبەگلەر باشلىق ئالتە شەھەرلىك يىگىتلەرنىڭ بىر نەچچىسى خىتايلارنىڭ
ئىچىگە قېچىپ كىرىپ كەتتى. تۇرپانلىق بەگلەردىن ئابدقاھاربەگ، مۇقبۇلبەگ،
شەھبازبەگ قاتارلىق يۈز بېشىلار خىتايلارغا مەخپىي خەت ئەۋەتكەنىكەن، قولغا
چۈشۈپ قالدى. گۇمانلىق بولۇپ قالغان بۇ بەگلەرنى ۋە يەنە خىتايلار تەرىپىگە
مايىل بىر مۇنچە ئادەملەرنى ئاق ئۆيلۈك قىلىپ يەكەنگە ماڭدۇردى.
جانابىي ئاتىلىق غازى: «مۇبادا خىتايلار بىلەن ئۇرۇشۇپ غەلىبە قىلسام
ناھايىتى ياخشى ئىش بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولماي ئىش ئەكسىچە بولۇپ مەغلۇپب
بولسام، ئۇنداق كۈنلەردىن تەڭرىم ئۆزى ساقلىسۇن، نەگىمۇ يېتىپ بارغىلى
بولار؟ بۇ يوللار ساپ چۆل تۇرسا، نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ جېنىغا زامىن
بولۇشۇم مۇمكىن...»، دەپ توقسۇندىن كورلىغا يېنىپ كەتتى. بۇ كەچكۈز پەسلى
بولۇپ، بۇ قېتىم توقسۇندا تۆت ئايدەك تۇرغانىدى.
ئەسلىدە كورلىدىن قوزغالماي تۇرمىدى . ئۇنىڭ قىلغان تەدبىرلىرى تەقدىرگە
مۇۋاپىق كەلمەي ئۆز ئايىغى بىلەن خەتەرلىك جايغا باردى. ئۇ ئەقىل-ئىدراك،
پەم-پاراسەتتە شۇ قەدەر دانا ئىدىكى، بۇنداق خۇسۇسىيەت ھېچقانداق
پادىشاھلارغا نېسىپ بولمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ بۇ يەتتە شەھەر، موغۇلىستان
يۇرتلىرىغا 14 يىل پادىشاھلىق قىلدى. ھەممە ئىشنى ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى
بىلەن قىلدى. ياكى بىر دىيانەتلىك ۋەزىر ساقلىمىدى، ياقۇپبەگ بىرەر كىشى
ساداقەت بىلەن بىرەر مەسلىھەتنى ئۇنىڭ سەمىگە سالالمىدى. ئاتىلىق غازىنىڭ
ھاكىمىيىتىدە بۇنداق ئىشلار ئەسلا بولمىدى.
گەپنىڭ قىسقىسى، دۆلەت-بەخت يۈز كەلتۈرگەندە ھەممە ئىش ئۆز-ئۆزىدىن تەييار
بولىدىكەن. دۆلەت يانغاندا ئەبۇزەر جەمھۇر دەك دانا ۋەزىر ۋە تەدبىرلىك
كىشى بولغان بىلەنمۇ بالا-قازا ئۆز ئىشىنى ئۆز خاھىشى بويىچە
قىلىۋېرىدىكەن.
جانابىي ئاتىلىق غازى پەرزەنتى ھەققۇلىبەگنى يىگىت-سەرۋاز، ئەمىر لەشكەر،
پانسات بولۇپ 10 مىڭ كىشى بىلەن توقسۇندا قويۇپ ئۆزى كورلىغا قايتتى.
ھېكىمخان تۆرەم ۋە ھەققۇلىبەگلەرگىمۇ: «خىتايلارغا ئوق چىقىرىپ ئۇرۇشىمەن،
دېمەڭلار»، دەپ تاپىلاپ تەكىتلىدى.
ئاتىلىق غازى توقسۇندىن يولغا چىققاندىن بىر كۈن كېيىن يېڭىسارلىق ئۇشۇربەگ
خەزىنىچى خەزىنىلەرنى قوزغاپ ئېلىپ مېڭىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ،
خەزىنىدىكى ئالتۇنلارنى ئېلىپ، بىر مۇنچە ئادەملەرنى ئەگەشتۈرۈپ خىتايلار
تەرىپىگە قاراپ قاچتى. بىر مۇنچە يىگىتلەر ئارقىسىدىن قوغلىدى. يېقىن
بارغاندا ئۇشۇربەگ خەزىنىچى تىللا-تەڭگىلەرنى يولغا چېچىۋەتتى. قوغلاپ
بارغان يىگىتلەر تىللا-تەڭگىگە ئولىشىپ يىغىۋېلىشنىڭ كويىدا بولدى. بۇ
پۇرسەتتە ئۇشۇربەگ ئۇزاپ بېرىپ خىتايلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى. ئاتىلىق
غازى باشلىق ھەممە ئەربابلار لەۋلىرىنى چىشلىشىپ قالدى. ئىلاجىنى
تاپالمىدى. ئاخىر سەۋر قىلىپ پەسكويغا چۈشۈپ قالدى. ئۇشۇربەگ خەزىنىچى
خىتاي تۇغقانلىرىغا ئاتىلىق غازىنىڭ ھەممە سىر-ئەسرارلىرىنى بىر-بىرلەپ
ئېيتىپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي چېرىكلىرىنىڭ يۈرىكى يوغىناپ كۈچلەندى.
شۇ
كۈنلەردە خىتايلار داۋانچىڭغا يېتىپ كەلدى. مۇھەممەد نىياز توقسابە نەچچە
كۈن سەۋر قىلىپ ئوق چىقارمىدى. ئاخىر بولمىدى. داۋانچىڭدا 2000چە يىگىت بار
ئىدى . بۇلارنىڭ 400ى دەرۋازىدىن چىقىپ مەشق قىلىۋاتقان كاپىرلارنى ئاتتى.
ئازغىنا ۋاقىت ئىچىدە مىڭغا يېقىن خىتاينى يوقاتتى. ئاتىلىق غازىدىن: «ئوق
چىقارماڭلار»، دەپ ئارقا-ئارقىدىن پەرمان كەلگىلى تۇردى. ئەمىر لەشكەر،
پانسات ۋە يىگىتلەرنىڭ كۆڭۈللىرى بۆلۈنۈپ، ئىشەنچلىرى سوۋۇدى. ئاخىر خىتاي
چېرىكلىرى كۆپلىگەن توپ-زەمبىرەكلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىپ داۋانچىڭنى
تارتىۋالدى. ئەسىر چۈشكەنلەردىن ئالتە شەھەرلىكلەرنى قورال-ياراقلىرىنى
ئېلىۋېلىپ ئۆزىنى قويۇپ بەردى. نىياز مۇھەممەد توقسابە باشلىق يەتتە
پانساتنى ۋە بىر نەچچە مۇساپىر يىگىت ۋە يۈز بېشىلارنى تۈرمىگە سالدى. بۇ
چاغدا ھەققۇلىبەگ توقسۇندا ئىدى. ئۇ ئامباردىكى غەللە-ئاشلىق ۋە ئەكەتكىلى
بولمايدىغان ئېغىر نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوت قويۇۋېتىپ كورلىغا قاراپ
قاچتى.
خىتاي چېرىكلىرى تۇرپانغا 70 يول كېلىدىغان يەمشى دېگەن جايغا كېلىپ
ئورۇنلاشتى. ھېكىمخان تۆرەم تۇرپاندا تۇرالماي توقسۇنغا يېنىپ چىقتى. شۇ
كۈنى خىتايلار تۇرپاننى بېسىۋالدى. ئەگەر ئاتىلىق غازى ئۇرۇشىمەن دېسە
يېنىدا 30 مىڭ يىگىت بار ئىدى. تۇرپان، توقسۇندا 30 مىڭ يىگىتكە 30 يىل
يەتكۈدەك غەللە-ئاشلىق يىغىلغانىدى. توقسۇندىكى ئاشلىقلار كۆيۈپ نابۇت
بولدى. تۇرپاندىكىسى خىتاي چېرىكلىرىگە نېسىپ بولدى.
خىتاي چېرىكلىرى توقسۇننىڭ بىكار بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ بەش كۈندىن
كېيىن توقسۇنغا بېرىپ ئورۇنلاشتى.
ھېكىمخان تۆرەم ۋە ھەققۇلىبەگ باشلىق ئەمىرلەشكەر، پانسات، يىگىت-سەرۋازلار
قارا شەھەرگە كەلدى. ئاتىلىق غازىدىن ئۇلارغا: «كورلىغا كەلسۇن»، دەپ
پەرمان كەلدى. ئۇلار قورقۇپ بارالماي، «پەرمان بېرىلسە غازات قىلساق»، دەپ
ئەرز ئەۋەتتى. ئاتىلىق غازى نائىلاج: «ئىلگىرى بىنا قىلىنغان شەھەر
دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە بولۇپ قالغانىكەن. مەزكۇر شەھەرنى بۇزۇپ تاشلاپ،
دەريانىڭ بۇ تەرىپىگە باشقىدىن شەھەر بىنا قىلىڭلار!»، دەپ پەرمان قىلدى.
پەرمانغا بىنائەن دەريانىڭ بۇ تەرىپىگە يېڭىدىن شەھەر بىنا قىلدى. ھېكىمخان
تۆرەم ۋە ھەققۇلىبەگكە 30 مىڭ يىگىت ھەمراھ ئىدى. ئاتىلىق غازىنىڭ ئالدىدا
3000 يىگىت بار ئىدى. بۇ دەل باھار كۈنلىرى بولۇپ، ھېكىمخان تۆرەم ۋە
ھەققۇلىبەگلەر قارا شەھەردە ئىككى ئايدىن كۆپرەك تۇرۇپ قالدى.
ئاتىلىق غازى بارغانسېرى قاتتىق غەزەپلىنىشكە باشلىدى. بىر كۈنى موللا
كامالىددىن مىرزىغا كايىپ ئۇنى تاياققا باستى. ياساۋۇللار ناھايىتى كۆپ
ئۇردى. ياقۇپبەگ غەزىپىنى باسالماي ئۆزى بېرىپ ئۇردى-تەپتى. چارچاپ كېتىپ
ھالسىراپ، سوغۇق چاي ئىچىمەن، دېدى. بىر مەھرەم سوغۇق چاي كەلتۈرۈپ بەردى.
چاينى ئېلىپ كۆتۈرۈپ ئىچتى. سوغۇق چاي ئىچمىدى، بەلكى ئەجەلنىڭ شەربىتىنى
ئىچتى. شۇنىڭ بىلەن ئاتىلىق غازى يېقىلدى، قاتتى ۋە رەڭگى كۆكەردى.
بەدەنلىرى چاك-چاك يېرىلدى. «ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن» . بۇ
زور ھادىسە تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1294- يىلى ياز پەسلى، رەبىئۇلئاخىر
ئېيىنىڭ 14- كۈنى يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەنىدى.
بەزىلەر مۇنداق دېگەنىدى: ئاتىلىق غازى نىياز ھېكىمبەگدىن خاتىرجەم ئەمەس
ئىدى. نىياز ھېكىمبەگمۇ ئاتىلىق غازىدىن ئارتۇقراق تەشۋىشتە ئىدى. ئۇلار
بىر-بىرىنى قەستلەپ پەيتنى تاپالماي يۈرۈشكەنىدى. نىياز ھېكىمبەگ
چارە-تەدبىرلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن جېنىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانىدى. ۋاقىتنى
غەنىيمەت تاپتى.
نىياز ھېكىمبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ يېقىن مەھرەملىرىدىن بىر نەچچىسىگە:
«ئىنسان ياخشىلىقنىڭ قۇلى»، دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئالتۇن،
تىللالارنى بېرىپ ئۆزىگە يېقىن سىرداش قىلىۋالغانىدى.
ئاتىلىق غازىنىڭ مەھرەملىرىدىن تېگى پەس بىرى ئۇزۇندىن بېرى نىياز
ھېكىمبەگدىن تەمىنات ۋە ئىنئام ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇ نىياز ھېكىمبەگدىن
ئاتىلىق غازىنى يوقىتىدىغان تەدبىرلەرنى تەلىپ ئېلىپ ئۆگەنگەن. نىياز
ھېكىمبەگ ئۇنىڭغا نۇرغۇن تىللالارنى بەرگەن ۋە: «بىر چىنە چايغا ئۆزۈڭ
بىلىدىغان، ئاتىلىق غازى كىشىلەرگە بېرىپ تەجرىبىدىن ئۆتكەن زەھەردىن
سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ قوي. ئاتىلىق غازىنىڭ قاتتىق غەزىپى
كەلگەندە ئاچىقىپ بەرسەڭ ئاچچىقىدا بىلەلمەي ئىچىۋېتىدۇ. ئۇ مۇشۇ چارە
بىلەن بىر تەرەپ بولسا ئەجەب ئەمەس...»، دەپ ئۆگەتكەنىدى. ئۇ پۈتۈن
ھىيلە-مىكىرنىڭ پېشىۋاسى، يامانلىقنىڭ ئۇستازى نىياز ھېكىمبەگدىن
پىتنە-ئىغۋانى تەلىم ئېلىپ ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئاتىلىق غازىنىڭ غەزىپى
ئۆرلەپ، ئاچچىقى كەلگەندە زەھەر ئارىلاشتۇرۇلغان چاينى ئاچىقىپ بەردى.
ياقۇپبەگ پەرق ئېتەلمەي ئىچتى. شۇنىڭ بىلەن تۈگەشتى. يەنە بەزىلەر: شۇ
چاغدا ياقۇپبەگ چاينى قولىغا ئالدى. ئەقىل-پاراسىتىنىڭ نۇرى بىلەن زەھەر
ئىكەنلىكىنى بىلدى. لېكىن قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ ئۈچ قېتىم «يا رەسۇلۇللاھ»
دەپ كۆتۈرۈپ بىر يولى ئىچىپ تۈگەتتى. ئادەتتە چاي ئىچكەندە رەسۇلۇللاھنىڭ
سۈننەتلىرىنىڭ قائىدىسى بويىچە ئۈچكە بۆلۈپ ئىچەتتى، دەيدۇ. مەيلى قايسى
يول بىلەن بولسا بولسۇن، خاھى دۇنيانى تىتىرەتكەن شانۇ شەۋكەتلىك پادىشاھ،
خاھى غېرىپ-بىچارە، خار-زار كىشى بولسۇن، ئەجەلنىڭ شەربىتىن ئىچمەي، خان
ئاچىقىنى تېتىماي ئىلاجى يوق. ئەجەلنىڭ ۋاقتى يەتكەندە ھەممە ئوخشاش يەكسان
بولىدۇ ۋە يوقىلىدۇ. «ئەجەل كەلسە، ئۇنىڭ ۋاقتى ھەرگىز ئىلگىرى ياكى كېيىن
بولمايدۇ»، دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق بولىدۇ. بىرەر باھانە-سەۋەب
بىلەن بۇ ۋاپاسىز ئالەمدىن ئۇ ئالەمگە كەتمەي قۇتۇلالمايدۇ. «پۈتۈن شەيئى
ئۆز ئەسلىگە قايتىدۇ»، دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنى ئەزەلدىن جارى بولۇپ
كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ھەقىقىي سىرىنى قۇدرەتلىك تەڭرىم ئۆزى بىلىدۇ، چۈنكى ئۇ
«نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ ۋە نېمىنى خالىسا شۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىدۇ»
(ئايەت).
رۇبائى
پادىشاھا سايەئى لۇتفى ئىلاھ،
يۈزى
شەمئىدىن پەلەك تېپىپ زىيا،
تالىئى نۇرى تېپىپ ئەفسۇس زەۋال،
كەتتى بۇ پانى جەھاندىن ئاھ-ئاھ .
ئەزەلدىن بار بولغان، ھۆرمەت ۋە ئىبادەتكە لايىق بولغان ئۇلۇغ تەڭرىم ―
«خالىغان كىشىنى پادىشاھ قىلىدۇ»، دېگەن ئايەت بويىچە ھەرقاچان، ھەر
ماكاندا ئىنسانلاردىن بىر كىشىنى خالاپ ئۇنىڭ بېشىغا تاج كىيدۈرۈپ
پادىشاھلىق تەختىدىن ئورۇن بېرىپ: «بىز سىلەرنى زېمىنغا خەلىپە قىلدۇق»،
دېگەن ئايەتكە مۇۋاپىق ئۇنى ئىنسانلارغا پادىشاھ قىلدۇق»، دېگەن ئايەتكە
مۇۋاپىق ئۇنى ئىنسانلارغا پادىشاھ قىلىدۇ. ئاقىۋەت ئۇ پادىشاھنى مەملىكەتنى
ئىدارە قىلىشقا قولى يەتمەيدىغان قىلىپ، «مەخسۇس چېدىرلار ئىچىدە ھۈرلەر
بولغان» ۋە «ئاستىدا ئېرىق-ئېرىقلاردا سۇلار ئاقىدىغان» ئالىي جايغا يەنى
جەننەتكە ئاپىرىپ راھەت-پاراغەتكە سازاۋەر قىلىدۇ.
مەسنەۋى
ئۆمۈر كۆرمەك ئۇزۇن ئەمرى مەھالدۇر،
بۇ
دۇنيانىڭ بەقاسى پات زەۋالدۇر.
ھەمىشە بولمىغايلار پادىشاھلىق،
ئۈمىد يوق مۈلكى دۇنيادىن ۋەفالىق،
ھەمىشە يوق تىرىكلىك ھېچ كىشىگە،
ۋەفا
يوق دۇنيانىڭ نېئمەتلىرىگە.
جاھان فانى دۇرۇر ئەي خوجە زىنھار،
كى
سەن باقى تەسەۋۋۇر ئەتمە ئەي يار.
كى
ھەق باقى دۇرۇر دۇنيا ئەرۇسى،
ئېرۇر فانى نەچە كۆرگۈزسە ئانى.
×
× ×
مەسنەۋى
بىۋەفادۇر فەلەك بۇ قەلەمۇن،
ساز
ئاھەنگىگە يوق قانۇن،
يوق بەقا جاھ ئىلە شەۋكەتغە داغى،
يوق ۋەفا ئۇمر ئىلە دەۋەلەتغە داغى،
كۆركى ھەر شەھكى يۈرۈپ ئالدى جەھان،
بارچە باردۇرمۇ قارا يەرگە نىھان.
ھەم كىيۇمۇرس ئىلە ھۇشنەك قانى،
ئىككىغە تاج ئەۋرەڭگى قانى،
قانى
جەمشىد، فەرىدۇن ئاخىر،
بىرنى قويمادى گەردۇن ئاخىر،
نى كىيانى، بارۇنى، ساسانى
نى ئىسكەندەر داغى نى ئىشكانى.
قالمادى رۇستەم ئىلە سام داغى،
يەزدۇ جەرد ئۆتتى بەھرام داغى
قانى خانلار خانى ئول چىڭگىزخان،
ئۇگتاي قانى كىم ئېردى قائان.
قانى
تېمۇر شەھ ئىسلام پەناھ،
كى
جاھان ئالدى چېكىپ خەيلى سىپاھ،
تا فەلەك بىلدى تەئەددى فەنىنى،
قايسىدىن ئالمادى ئۆز بەرگەنىنى.
كىمگە بەردى قۇياش ئەۋجىغە نەشەسەت،
كىم
يەنە قىلمادى تۇفساقغە پەست.
كىمگە بىر نۇش ئىلە يەتكۈزدى بەھر،
كىم يانا تۇتمادى بىر ساغەر زەھر.
چۈن
بۇ مەئنا بۇ سۈفەت تاپتى ئەدا،
كىم
نە شەھ قالغۇسى باقى نە گەدا.
لۇتفى قىلغاي ئاڭا كىم ھەييى غەفۇر،
دۇنياۋى ۋە ئاخىرەتىنى مەئمۇر.
12
يەتتە شەھەرنىڭ پادىشاھى، دىننىڭ ھىمايىچىسى ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ
ياخشى ئەخلاقلىرى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىگە، يامان سۈپەتلىرى دۆلەتنىڭ
بەخىتسىزلىكىگە سەۋەب بولغانلىقى
شەرىئەتنى راۋاجلاندۇرغۇچى، ئۆلىما ۋە دانالارنى دوست تۇتقۇچى، پۇقرالارنىڭ
تەربىيەتچىسى، يامان ئىش ۋە زۇلۇمنى يوق قىلغۇچى، ئاھالىنىڭ شەپقەتلىك
مېھرىبان ئاتىسى مۇھەممەت ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ ياتقان جايى ۋە
قەبرىلىرى تەڭرىنىڭ نۇرىغا تولسۇن.
تەڭرىم ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتى بىلەن ئاتىلىق غازىنى ياراتقاندا
ئەقىل-پاراسىتىنى يۇقىرى قىلغانىكەن. شۇڭا پەم-پاراسەتتە، ئەقىل-ئىدراكتا
تەڭدىشى يوق، ئېسىدە ساقلاش قابىلىيىتىدە يەككە-يېگانە ئىدى. ھېچقانداق
پادىشاھلارنىڭ ۋۇجۇدىدا بۇنداق خۇسۇسىيەتلەر كۆرۈلمىگەنىدى. نۇرغۇن كىشىلەر
ئاتىلىق غازىنىڭ پەم-پاراسەتلىرىنى ئەۋلىيالارنىڭ كارامەتلىرىگە
ئوخشىتاتتى.
جانابىي ئاتىلىق غازى ئۆز قول ئاستىغا كىرگۈزگەن يۇرتلارنىڭ شەرق تەرىپى
كومادىدىن غەرب تەرىپى سېرىققۇلغىچە بولۇپ 100 كۈنلۈك يول، شىمالىي چېگرىسى
مۇز داۋاندىن تارتىپ، جەنۇب تەرىپى قاراڭغۇ تاغقىچە بولۇپ 80 كۈنلۈك يول
ئىدى. ئۇ بۇ چېگرا ئىچىدىكى يەتتە شەھەرگە تەۋە چوڭ-كىچىك 34 شەھەرگە 14
يىل مۇستەقىل ھاكىم بولدى. بۇ جەرياندا ئەسلىدىكى ئادەت ۋە مىجەزلىرىنى
ئۆزگەرتمىدى. ناھايىتى ئېغىر-بېسىقلىقى ۋە كەمتەرلىكىدىن، ئىلگىرىكى
مەنسىپىگە «بەدۆلەت غازى» سۆزىنى قوشۇپ ئاتىغاندىن باشقا ئۆزىنى يا
پادىشاھ، يا سۇلتان، يا خان دەپ ئاتىمىدى. غەيرىي يول تۇتۇپ دۇمباقنى باشقا
پەدىگە چالغان، ئۆزىدىن باشقا پادىشاھلارنى كۆزگە ئىلمىغان تۆت پادىشاھ ۋە
خاننى ئۆز بۇيرۇقىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ خەزىنە، سىپاھ، ئەمەلدار
پۇقرالىرىغا ئىگە بولدى. ئالدى بىلەن ئۆزىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەمىشە ئۆزىنى ئۆزى
تەكشۈرۈپ، شەرىئەتنىڭ ئۆلچىمى ۋە مىزانى ئىچىدە تۇتتى. ئۇنىڭ خۇلق-پېئىلى
تەقۋادار ئىشان ياكى ئۆلىماغا ئوخشىشاتتى. تون-سەرۇپاي، كىيىم-كېچەكلىرى
بىر سودىگەردىن پەرقى يوق ئىدى. ئات-ياراق، ئەسلىھەلىرى ئەللىك بېشىچىلىك
بار ئىدى. ھەمىشە ئاق كىگىز جايناماز ياكى بورا ئۈستىدە سەللە چاپان بىلەن
نامازدا ئولتۇرغاندەك يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتى. بېلىدىن كەمەرنى يېشىپ
ئېلىۋەتكەنلىكىنى، يا چازا قۇرۇپ ئولتۇرغانلىقىنى ھېچ كىشى كۆرمىگەنىدى.
ئېگىز يەردە ياكى كارىۋات ئۈستىدە ئولتۇرمايتتى. تولا چاغلاردا
چېدىر-بارگاھلىرىنىڭ ئالدىدا پەس يەردە ئولتۇراتتى. تەرەتسىز يەرگە
دەسسىمەيتتى. «پادىشاھ قايسى دىندا بولسا، خالايىقمۇ شۇ دىندا بولىدۇ»،
دېگەن ھەدىسكە مۇۋاپىق، ھەممە چوڭ-كىچىك ئەمىرلەر ۋە يىگىت-سەرۋازلارمۇ
دائىم تەرەت بىلەن يۈرەتتى. نامازنىڭ ۋاقتى كېلىپ ئاتىلىق غازىنىڭ
مەسجىتىنىڭ مۇئەززىنى ئەزان ئېيتىشى بىلەن تەڭ ھەممە يەردە باراۋەر ئەزان
ئېيتىلاتتى. ئاتىلىق غازى ھەر ۋاقىت سەپەر قىلسا ئاز دېگەندە 7000 چېدىر
قوشۇن بىللە يۈرەتتى. ھەر چېدىردا بىر ئادەم ئەزان ئېيتاتتى. ھەتتا
بازارچىلار ئىچىدە ھەر بىر دۇكاندىن بىر ئادەم ئەزان ئېيتاتتى. شەھەر
سەھرالاردىكى مەسجىدلەرنىڭ مۇئەززىنلىرى بىرلا ۋاقىتتا تەڭ-باراۋەر ئەزان
ئېيتاتتى. ھەرگىز ئىلگىرى-كېيىن قىلمايتتى. مۇئەززىنلەر پەشتاقلارغا چىقىپ
ئاتىلىق غازىنىڭ مەسجىدىنىڭ مۇئەززىنىنىڭ ئەزان ئېيتىشىغا ئىنتىزار بولۇپ
مەسجىدلەرنىڭ ئۆگزىلىرىگە چىقىپ سالاۋات ئېيتىپ، دۇئا ۋە توۋا ئىستىغپار
بىلەن قاراپ تۇراتتى. چوڭ-كىچىك ھەر قانداق كىشى سەللە يۆگىمەي كوچىلاردا
يۈرەلمەيتتى. رەئىسلەر كوچا-بازارلاردا ھەمىشە شەرىئەتكە خىلاپ
ئىش-ھەرىكەتلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ تەكشۈرەتتى. تۇماق ياكى دوپپا بىلەن يۈرگەن
كىشىنى كۆرسە، تۇماق-دوپپىلىرىنى يىرتىپ ياكى قايچا بىلەن كېسىپ
پارچە-پارچە قىلىپ تاشلايتتى. شاراب، بوزا، تاماكا ۋە نەغمە-ناۋا،
ئۇسسۇل-ساما قاتارلىق ئىشلار مەنئى قىلىنغانلىقتىن مەخپىي ياكى ئاشكارا
كۆرگىلى بولمايتتى. بەلكىم خالايىق ئارىسىدا مۇنداق ئىشلار تۈگىگەن ۋە
ئۇنتۇلغان بولۇشى مۇمكىن، بويسۇنمايدىغان، گەدەنكەشلىك قىلىدىغان ئادەملەر
پىتنە-پاسات پەيدا قىلىپ، ئۇرۇش-تالاش قىلىدىغان باشباشتاقلار، ئوغرى،
قىمارۋاز، لۈكچەك، كەپتەرۋازلارمۇ ئاتىلىق غازىنىڭ قەھرى-غەزەپ ۋە
قىلىچلىرىدىن قورقۇپ توۋا-ئىستىغپار ئېيتىپ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولاتتى،
مۇبادا ئۇرۇش-تالاش قىلغان، يالغان تۆھمەت ۋە خۇسۇمەت قىلغان ئادەملەر
ياقۇپبەگنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالسا، دەرھال يۈز بېشى، پانساتلارغا ياكى
جاللاتلارغا تاپشۇرۇپ قاتتىق جازالايتتى. ھەر كۈنى ئىككى قېتىم پۇقرالارنىڭ
ئەرز-دادلىرىنى سورايتتى. تېگىشلىكلىرىنى ياساۋۇل يىگىتلەرنى قوشۇپ قازى
مەھكىمىسىگە ئەۋەتىپ بېرەتتى، ھەرقانچە چوڭ جېدەل، چىرماش دەۋا ۋە خۇسۇمەت
بولسىمۇ شەرىئەتنىڭ ھۆكمى بويىچە بىر كۈندە تۈگەيتتى، تەكەببۇر
ئەمەلدارلار، بەگ ۋە بەگزادىلەر، يانچى، كانچى، پۇقرا ۋە خالايىقلارنىڭ
ھەممىسى تەڭ-باراۋەر ئىدى. شۇ زامانلاردا بۆرە بىلەن قوي بىر كۆلچەكتە سۇ
ئىچتى، كەپتەر بىلەن لاچىن بىر دەرەختە چۈجە چىقاردى، دېيىشكە بولاتتى.
ئېتىبارلىق تارىخ كىتابلىرىدا بۇرۇن ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ ― جۈملىدىن ئەمىر
كەبىر تېمۇر ساھىبقىران كوراگان ۋە مىرزا سۇلتان ھۈسەيىن بىننى بايقارا
كوراگان (قەبرىلىرى تەڭرىنىڭ نۇرىغا تولسۇن)لارنىڭ تەرىپ ۋە تەۋسىپىلىرنى
بايان قىلىپتۇ. ئۇلارنىڭ يۇرت ۋە لەشكەرلىرى كۆپ بولسا بولغاندۇ، ئەمما
دۆلەت ۋە ھەشىمەتتە جانابىي ئاتىلىق غازى ھەرگىز ئۇلاردىن كەم ئەمەس ئىدى.
مەزكۇر ئۆتكەن پادىشاھلار شارابتىن خالىي ئەمەس ئىكەن. ھەتتا ھەقىقىي
خەلىپە بولغان ئابباسىيە خەلىپىلىرىمۇ شارابقا ئوخشاش شەرىئەت مەنئى قىلغان
ئىشلارغا ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ئۇنى دوست تۇتقانىكەن. لېكىن خانابىي ئاتىلىق
غازىنىڭ ئۆزى ياكى پۇقرا-رەئىيەلىرىدە بۇنداق مەنئى قىلىنغان ئىشلارنىڭ يۈز
بەرگەنلىكىنى ھېچكىشى ئىشىتكەن ئەمەس. شۇ سەۋەپتىن ئاتىلىق غازىنى ئۆتكەن
پادىشاھلاردىن يۇقىرى ۋە ئۈستۈن تۇرىدۇ، دېيىلسە ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ.
ئاتىلىق غازى ئىسلامنىڭ راۋاجىغا كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكى
ئۈچۈن، شەرىئەت ئۆلىمالىرى، ئەمىرلەر ۋە يىگىت-سەرۋازلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ
شەرىئەتلىرىگە ئازراقمۇ خىلاپلىق قىلمايتتى. ئەگەر ئۆلىمالار تەرىپىدىن
سەل-پەل خاتالىق سادىر بولسا، قاتتىق ئازاب ۋە جازاغا مۇپتىلا بولاتتى،
شەھەرلەردە كىمكى موللا-ئۆلىما، شەرىئەت قائىدىلىرىنى چوڭقۇر بىلىدىغان،
ئېتىقادى مۇستەھكەم كىشى بولسا، ئۇنىڭ ئاتا-بوۋا، ئەجداد-نەسەبلىرىگە
قارىماي، «ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى»، دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا
مۇۋاپىق شۇ كىشىنى قازى ئەلەم، مۇپتى، رەئىس ۋە مۇدەررىس قىلىپ يارلىق
چۈشۈرۈپ ئۇلارنى رازى قىلاتتى. قوشۇنلىرى ئىچىدىمۇ ئالاھىدە قازى ئەسكەر،
مۇپتى ئەسكەر، رەئىس، مۇھتەسىپ لەر تەييار ئىدى.جېدەل-ماجىرالار كۆرۈلسە
شەرىئەت ھۆكمى بويىچە كەسكىن بىر تەرەپ قىلىناتتى.
«ئىسلام دىنى ئۆزىدىن بۇرۇنقىلارنى ۋەيران قىلىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ
مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىپ، ئاتىلىق غازى بۇ يەتتە شەھەرنى بويسۇندۇرغاندىن
كېيىن، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇزۇن زامان كاپىرلانىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئۆتكەن
چاغلاردا نۇرغۇن بىدئەت يامان ئىش، ناچار ئادەتلەر خالايىقنىڭ كۆزىگە
ئوبدان كۆرۈنۈپ، ئادەتلىنىپ خۇددى قىلمىسا گۇناھ بولىدىغان سۈننەتتەك
قائىدە بولۇپ كەتكەنىدى. «كىم بىلەن ھەمسۆھبەت بولساڭ شۇنىڭ تەسىرىدە
بولىسەن»، دېگەندەك، ئادەتكە ئايلىنىپ، خەلق ئارىسىدا جارى بولۇپ
كېلىۋاتقان يامان ئىش، ناچار ئەخلاقلارنى، شەرىئەت ۋە ئۇلۇغ ئۆلىمالارنىڭ
سۆز-ھەرىكەتلىرىگە تەتبىقلاپ تامامەن يوقاتتى.
بۇ
يەتتە شەھەردە ھاممام يوق ئىدى. ئاتىلىق غازى قەشقەر، يەكەن، خوتەن،
ئاقسۇدا ھاممام بىنا قىلدۇردى. زاكىرجان قارىينى مەككە مۇكەررەمگە ئەۋەتىپ
يەتتە شەھەر نامىدا «تەكيەخانا» (مېھمانخانا) بىنا قىلىشقا تۇتۇش
قىلغانىدى، پۈتكىچە ئۆمرى يار بەرمىدى، شەھەر-شەھەرلەردىكى ئەمەلدارلارغا
بۇيرۇق بېرىپ، ئۇستا بېشىلارنى تەيىنلەپ، بۇ يەتتە شەھەر دائىرىسىدىكى
ئۇلۇغ مازارلارنىڭ سەھنىلىرىنى كېڭەيتىپ، بىنالىرىنى يېڭىباشتىن ياسىتىپ
چىقتى. مەسجىد-خانىقالارنىڭ پەشتاقلىرىنى ئېگىز ۋە ھەيۋەتلىك قىلىپ
كاھىش-رەڭلىك خىشلار بىلەن زىننەتلەپ، گۈل نەقىشلەرنى چىقىرىپ جۇلالىق
قىلىپ ياساتتى. شەھەر ئىچىدىكى مەسجىد ۋە خانىقالارنىڭ كۆپچىلىكىنى پۇختا،
مۇستەھكەم خىشلار بىلەن قايتىدىن رېمونت قىلدۇردى. يوللاردىكى
مەنزىل-ئۆتەڭلەرگە پۇختا خىشلار بىلەن ئالىي، گۈزەل ئىمارەتلەرنى ياسىتىپ،
قورغان ۋە چۈشكۈنخانىلارنى بىنا قىلدى. شۇ جۈملىدىن قەشقەردىكى ھەزرىتى
ئاپاق خوجا يەنى ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ مازار، خانىقا-مەسجىدلىرىنى ياساتتى.
خۇسۇسەن گۈمبەزلىرىنى بۇزۇپ كېڭەيتىپ، پۇختا خىش، گۈزەل كاھىشلار بىلەن
قايتىدىن گۈمبەز بىنا قىلدى. بۇ يەتتە شەھەر ئىچىدە بەلكى موغۇلىستان
ئۆلكىسىدە بۇنداق ئالىي گۈمبەز ھېچ زاماندا ياسالمىغان بولۇشى مۇمكىن.
ھەممە شەھەرلەردىكى مەسجىد، خانىقا، پەشتاقلارنى ياساپ پۇختا، مۇستەھكەم
قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن قەرنە-قەرنە زامان-زامانلارغىچە شۇنداق مۇستەھكەم
تۇرۇشى ۋە بۇزۇلماسلىقى مۇمكىن.
جانابىي ئاتىلىق غازىنىڭ دەبدەبە-داغدۇغىسى، سۆلەت ۋە ھەشىمەتلىرى
كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن غايىپ بولدى، ئەمما بىنا قىلغان ئىمارەتلىرى
خالايىقنىڭ كۆز ئالدىلىرىدا ھازىر ۋە ئاشكارا تۇرۇپتۇ. ئاتىلىق غازىنىڭ
ئۇلۇغلۇقىغا بىنا قىلغان ئىمارەتلىرى گۇۋاھ ۋە شاھىتتۇر.
جانابىي ئاتلىق غازى ھەر شەھەرگە قەدەم تەشرىپ قىلغاندا، شۇ شەھەرگە بىر
مەنزىل يېقىن قالغاندا ئىشەنچلىك بىر مەھرىمىدىن شۇ شەھەردىكى مەكتەپ
ئوقۇتىدىغان موللىلارغا تون-سەرۇپاي، بىردىن قىزىل تىللا ھەدىيە كىرگۈزۈپ
مەكتەپ بالىلىرىنى ئازاد قىلىشنى ۋە دۇئا قىلىشنى ئىلتىماس قىلاتتى. مەھرەم
يېتىپ بېرىپ مەكتەپ موللىسىغا، ئاتىلىق غازىنىڭ سوۋغا-ھەدىيەلىرنى
تاپشۇرۇپ، مەكتەپ بالىلىرىنى ئازاد قىلدۇرۇپ، ئاتىلىق غازى ھەققىدە دۇئا
ئېلىپ ياناتتى. بۇ مەكتەپ موللىلىرى شەھەرنىڭ تېشىغا مەكتەپ بالىلىرىنى
ئاچىقىپ ئاتىلىق غازىنى قارشى ئالاتتى ۋە دۇئا قىلاتتى. ئاتىلىق غازى
ئېتىدىن چۈشۈپ مۇلايىم خۇلق، ئوچۇق چىراي بىلەن مەكتەپ بالىلىرىنى كۆرەكتىن
ئۆتكۈزۈپ، بالىلارغا ئىككى تەڭگە، بەش تەڭگە، ئون تەڭگىدىن ئاق تەڭگە
ئىنئام قىلاتتى. قۇرئان ئوقۇيدىغان بالىلارغا قۇرئان، ھەپتىيەك ئوقۇيدىغان
بالىلارغا ھەپتىيەك ھەدىيە قىلاتتى. ئاندىن ئاتلىنىپ شەھەرگە ياكى بارگاھ
ئالىيلىرىغا بېرىپ چۈشەتتى.
جانابىي ئاتىلىق غازى ھەرقاچان غەلىبە ئۈزەڭگىلىرىگە ئاياغ قويۇپ سەپەرگە
چىققانلىرىدا ئەمىر، مەھرەم، يىگىت، سەرۋازلار بولۇپ ئازدېگەندە 10 مىڭ
كىشى بىلەن ئاتلىناتتى. ھەر قېتىم ئاتلانغاندا مەيلى كۈندۈز، مەيلى كېچە
بولسۇن كاناي چېلىپ قوزغىلاتتى. مۇشۇنچە نۇرغۇن قوشۇندىن جاراڭ-جۇرۇڭ،
ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋاز چىقمايتتى. قوشۇننى شۇ قەدەر قاتتىق ئىدارە قىلاتتىكى،
يىگىت-مەھرەملەر مەيلى پەس، مەيلى چىڭ ئاۋازدا سادا چىقىرالمايتتى. ھەتتا
ئاتلارمۇ كىشنىمەيتتى. ئاتىلىق غازى قوشۇنىنىڭ ھال-ئەھۋالىدىن بىر دەقىقە
خەۋەرسىز ئەمەس ئىدى. راھەت ۋە ئاسايىشنى ئۆزىگە ئەسلا راۋا كۆرمىگەنىدى.
نەزىم
گەر خاھىش ئەتسەڭ ئۆز ئاسايىشىڭ،
دىيارىڭدا ئارام ئالالماس ھېچ كىشىڭ.
بۇ
نەزم ئاتىلىق غازىنىڭ ئەھۋالىغا تولىمۇ مۇۋاپىق ئىدى. ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى
شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىگە تەتبىق قىلىنغانىدى. خۇسۇسەن چۈشۈرگەن يارلىق،
پەرمان، بۇيرۇقلىرى گويا خانىقادا ئولتۇرغان ماشايىخ، پېشىۋالارنىڭ تەلىمى
ۋە بىر ئۇلۇغ ئۆلىمانىڭ ئەمىر-مەرۇپلىرىدەك باشتىن-ئاياغا نەسىھەت، ۋەز،
شەرىئەتنىڭ راۋاج-روناقلىقىنى تەرغىپ ۋە تەشۋىق قىلىدىغان ئىبارىلەر بىلەن
تولۇپ تاشاتتى.
ئاتىلىق غازىنىڭ يارلىقلىرى جۈملىسىدىن ئىككى پارە پارسچە، بىر پارچە
تۈركىي يارلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نەمۇنە ئۈچۈن كەم-زىيادە قىلماي،
ئۆز ئەينى بىلەن، كېيىنكى زاماندىكى ئادىل، ھەققانىيەتچى، دىيانەتلىك
تەتقىقاتچىلارنىڭ دۇئا قلىشىغا سەۋەب بولارمىكىن دېگەن ئارزۇدا بۇ سەھىپىگە
كۆچۈرۈپ يازدىم.
پارىسى تىل بىلەن يېزىلغان، خۇش پۇراق چاچىدىغان ئىنايەتنامە
دۇئاگۇيىمىز سەمىمىي سادىق قازى ئەسكەرگە: سالامدىن كېيىن مەلۇم بولسۇنكى،
پادىشاھ ھەزرەتلىرىنىڭ دادخاھلىرىدا بولۇۋاتقان گەپ-سۆزلەردىن شۇنى
مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى، بەزى جايلاردا زۇلۇمنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى، غەيرىي
ئىشلاردا قەلەم تەۋرىتىلىۋاتقانلىقى، بەزى ئىشلاردا تەڭرىنىڭ ئەمرى ۋە
شەرىئىتىنى تونۇشنىڭ يېتەرسىلىكىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىنايەتنامىنى
گۇمىدىكى مۇھەممەد ئەزىمبەگنىڭ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىش لايىق كۆرۈلدى. ئالىي
پەزىلەتلىك مۇھەممەد ئەزىمبەگ ئىنايەتنامىنى خۇرسەنلىك بىلەن قوبۇل
قىلغايلا.
بۇ
دۇنيانىڭ پانىيلىقى ھەممىگە ئاشكارىدۇر. زۇلۇم ۋە زۇلۇم قىلغۇچىلارغا
تەڭرىم دائىم قاتتىق قەھرى-غەزەپ قىلىدۇ. تەڭرىم بەندىلىرىنىڭ ھەر زامان،
ھەر ماكاندا قىلغان – ئەتكەنلىرىنى ئاشكارا كۆرۈپ تۇرىدۇ. ھېچقانداق ئىش
تەڭرىنىڭ نەزىرىدىن يىراق ئەمەس. بۇنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. ھەقىقەت ۋە
راستچىللىق نىجاتلىقنىڭ سەۋەبچىسىدۇر. ئۆلمەكلىك ھەق. ئۆلگەندە بىزنى
پادىشاھ ھەزرەتلىرى بىلەن بىر گۆردە قويمايدۇ. زۇلۇمغا مادارا قىلىش خەلققە
ۋاپا قىلغانلىق بولمايدۇ.ھەقنى سۆزلەش، ھەقنى ئىزدەش، ھەقىقەتكە ئەگىشىش
تەڭرىنى رازى قىلىدۇ. ئۆتكەن ئۇلۇغلارنىڭ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ ھەر
قانداق ئىش، ھەرقانداق ھەرىكەتتە زۇلۇمنى رەت قىلىپ، ھەمىشە زۇلۇمدىن يىراق
بولۇشقا ئەستايىدىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرىنى، ساداقەت بىلەن ئىش
كۆرۈشلىرىنى تەكىتلەيمىز، ۋەسسالام.
ھىجرىيە 1289- يىلى (مىلادىيە 1872-، 1873- يىللار).
پارسى تىل بىلەن يېزىلغان ئىككىنچى ئىنايەتنامە:
شەرىئەتنى قوغدىغۇچى موللا ئىبراھىم قازى ئەسكەرگە: سانسىز سالاملىرىمىزدىن
كېيىن مەلۇم بولسۇنكى، ياخشى زامان، گۈزەل ئىتىزام روناق تاپقان چاغدا
مۇھەممەد روسۇل مەرگەننىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سىيىت موللا تۆپە ئوغلى ۋە
لۇتپۇللا ياساۋۇللارنىڭ پۇقرا-رەئىيەلىرىنى قائىدە-يوسۇن بويىچە ياخشى
ئىدارە قىلىۋاتقانلىقىدىن ۋاقىپ بولدۇق. گۇما، زاڭگۇي، دۇۋا، پىيالما
قاتارلىق جايلارنىڭ پۇقرالىرى مەرھەمەتلىك ئۇقتۇرۇش، مۇبارەك يارلىقلارنى
ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىپ دۇئا ۋە تەلەپتە تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. لاياقەتلىك
قازى ئىبراھىم ئۆزىگە قاراشلىق جايلاردىكى پۇقرالارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى
جارى قىلىشنى مەسئۇلىيەتلىك بىلەن ئىجرا قىلدى. ھەقنى ھەق ئىگىسىگە
يەتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپنى باراۋەر رازى قىلدى. پۇقرالار ئارىسىدىكى ھەق
تەلەپ، خۇسۇمەت، ئاداۋەت، جېدەل-ماجىرالار ۋە كونا دەۋالار تامامەن
تۈگىتىلدى. مۇھەممەد كېرىم مىرزا، لۇتپۇللا ياساۋۇللار يەكەن شەھىرىنى
ئوبدان مۇھاپىزەت قىلدى. ئىككىسۇ تەۋەسىدىكى مۇھەممەد ئەزىم ئاتلىق بىر
كىشى مۇنداق بىر ئەھۋالنى يەتكۈزدى: ئەھمەديار ئىشبېشى پۇقرالارغا
جەبىر-زۇلۇم قىلغانلىقتىن، بۇ جايدىكى پۇقرالار پادىشاھ ھەزرەتلىرىگە
ئىتائەت قىلىپ شەرىئەت ھۆكمىگە مۇۋاپىق تەكشۈرۈپ كۆرۈشلىرىنى ئىلتىماس
قىلىپ ئەرزلىرىنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ. ئۇلارنىڭ ياخشى سائەتتە
يېتىپ كېلىپ پادىشاھ ھەزرەتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولۇشىنى ئۈمىد
قىلىمىز. بۇ ئەرزنىڭ مەزمۇنىدىن ئالدىنئالا خەۋەردار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن
چەكسىز خۇرسەن ۋە مەمنۇن بولدۇق. چۈنكى جەبىر-زۇلۇمنى تۈگىتىش، پۇقرالارنى
زۇلۇم ۋە ئازابتىن خالاس قىلىش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك مۇھىم ئىشتۇر.
ئىككىنچى سۆزىمىز، شەرىئەتنىڭ راۋاجى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق
كۆرسەتمەكلىرى لازىم. ئەگەر بىر ئادەم شەرىئەتنىڭ راۋاجى ئۈچۈن ۋاپات
بولسا، ئۇنداق كىشىنى چوقۇم شېھىتلىك دەرىجىسىگە مۇشەررەپ بولدى، دەپ
تونۇماق كېرەك. غەيرەت ۋە ھىممەتنى سەرپ قىلغاندا ئاساسىي مەقسەتتىن
چەتنىمەسلىك لازىم. باشتىن-ئاياغ شەرىئەت ھۆكمىدىن چىقماسلىق كېرەك.
كىشىلەر شەرىئەتكە رىئايە قىلىشىنى ئادەت ۋە كەسىپ قىلىشى لازىم.
ئەرزنىڭ مەزمۇنىنى يەتكۈزگەن مۇھەممەد ئەزىمگە كىيىم-كېچەك، يول خىراجەت
مەرھەمەت قىلدۇق، ۋەسسالام.
تۈركىي تىل بىلەن يېزىلغان ئىنايەتنامە
شەرىئەتنىڭ پاناھى بولغان ئابدۇللاھ قازى كالانغا: مەرھەمەتلىك ۋە
سائادەتلىك سالاملىرىمىزدىن كېيىن مەلۇم بولسۇنكى، مۇشۇ كۈنلەردە بۇ ئىسلام
دۆلىتىدە تەڭرىنىڭ پەزلى بىلەن پۈتۈن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىڭىزنىڭ
خاتىرجەملىكىنى، دۆلەتنىڭ كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم، خەلقنىڭ ئىتائەتمەن
بولۇشىنى، مىللەتنى ھەر تۈرلۈك ئاپەت ۋە مەنىۋى بالالاردىن پاك ساقلاپ
ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا غەلىبە ئاتا قىلىشنى تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ، داۋاملىق
بەش ۋاق نامازدىن كېيىن دۇئا ۋە تەلەپتە بولغانلىقىڭىزنى ئىزھار قىلىش،
غېرىب، ئاجىز، كۆڭلى سۇنۇق پۇقرالارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ، ئۇلارنىڭ
كۆڭلىنى شەرىئەت ھۆكمىنى ئىجرا قىلىش بىلەن خۇرسەن قىلىپ، ياخشى دۇئاسىنى
ئېلىۋاتقانلىقىڭىزنى، ئۆزىڭىزنىڭمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىدىن بۇ دۆلەتنىڭ
نۇرىنىڭ ئۆچمەسلىكىگە دۇئا ۋە تەلەپ بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىڭىزنى
خەۋەر قىلىپ، خەت يېزىپ پادىشاھ ھەزرەتلىرىنىڭ قوبۇللۇق نەزەرىگە مۇشەررەپ
بولۇشنى ئۈمىد ۋە ئارزۇ قىلىپ، ئىنىڭىز موللا ئابدۇكېرىمنى بىر بوغچا ۋە
بىر ئات بىلەن سالامغا ئەۋەتكەن ئىكەنسىز. مۇھەررەم ئېيىنىڭ يىگىرمە
بەشىنچى كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن سائادەت ۋە شاراپەت بىلەن قوبۇللۇق
نەزەرىگە مۇشەررەپ بولدى. ئەرزىڭىزگە يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسىدىن ۋاقىپ
بولۇپ قانائەت ھاسىل قىلدۇق، كۆپ خۇرسەن بولدۇق.
تەڭرىم دۇنيانىڭ ئەھۋالاتلىرىنى ھەمىشە بىلىپ تۇرىدۇ. ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ
خوجىسى بولغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ شەرىئىتىنىڭ ئۆتكۈر نۇرى بۇ يەتتە شەھەر
خەلقىنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىگە يېنىپ تۇرغان مەشئەلدۇر. ئېتىقادلىق ۋە
دىيانەتلىك كىشىلەر، خۇسۇسەن شەرىئەت ئىلمىنىڭ ئۆلىمالىرى بۇ دۆلەت ۋە
شەرىئەتنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن دائىم دۇئا ۋە تەلەپتە بولۇشنى ئۆزلىرىنىڭ
زۆرۈر مەجبۇرىيىتى دەپ تونۇيدۇ. ئۇلاردا پەيغەمبىرىمىزنىڭ شەرىئەتلىرىنىڭ
راۋاجى، پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم-پاراۋانلىقىدىن باشقا نىيەت ۋە مەقسەت يوق.
ئۈممەتلىرىگە چەكسىز مېھرىبان پەيغەمبىرىمىزنىڭ شەرىئەت نۇرلىرىنىڭ تېخىمۇ
كەڭ تارقىلىشىنى مەقسەت قىلىپ شەرىئەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەشغۇل
بولۇشىڭىز لازىم. بۇ نۇرنىڭ روناق تېپىشىنىڭ خاسىيىتى ۋە نەتىجىسى
پۇقرالارنىڭ ئاسايىشلىقىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز لازىم. بۇ بەش
كۈنلۈك ئالەم ئۆتۈپ كېتىدۇ. قىيامەت كۈنى مۇشەققەتلىكتۇر. تاپشۇرۇۋالغان
مەجبۇرىيەتنى ياخشى ئادا قىلىپ ئاخىرەتلىكىڭىز ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ.
دۆلىتىڭىزنىڭ زىيادە بولۇشى ئۈچۈن تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا ھەقىقىي سادىقلىق
بىلەن دۇئا ۋە ئىلتىجانى زىيادە قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
موللا ئابدۇكېرىغا سەرۇپاي ۋە خىراجەت ئىلتىپات قىلدۇق. ئۆزلىرىگە
كىيىم-كېچەك، سەللە-كۇلا، رومال مەرھەمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق، ۋەسسالام.
ھىجرىيىنىڭ 1294- يىلى (مىلادىيە 1877- يىلى).
يۇقىرىدا ھەر بىر ۋەقەلەر بايان قىلىنغاندا جانابىي ئاتىلىق غازىنىڭ ياخشى
ئەخلاقلىرى ئاز-تولا زىكرى قىلىنغانىدى. بۇ يەردىمۇ ئازراق يازدۇق.
تەپسىلىي يازساق ئوقۇغۇچى ۋە ئىشتىكۈچىلەرگە مالال بولۇپ كېلىشىدىن
ئەنسىرەپ شۇنچىلىك زىكرى قىلىش بىلەن قانائەتلەندۇق.
ئەخلاقىي ھەمىدە بار يەردە ئەلۋەتتە ئەخلاقىي زەمىمە مۇ بولىدۇ، پايدا بار
جايدا زىيانمۇ بولىدۇ. گۈل تىكەنسىز، ھەسەل ھەرىسىز بولمايدۇ. ھەر بىر
مەخلۇقاتتا ياخشى خىسلەت بولغىنىدەك، يامان ھەرىكەتمۇ ئۇنىڭدىن
ئايرىلمايدۇ. ياخشىلىق بىلەن يامانلىق قوشكېزەك بىر تۇغقان بولۇپ
بىر-بىرىدىن ئايرىلماسلىق ئادىتى ئەزەلدىن جارى بولۇپ كەلمەكتە.
ھاۋا
گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىشى بىلەن رەھمەت يامغۇرىمۇ ئەلۋەتتە بىلللە كېلىدۇ.
بۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئاتىلىق غازىنىڭ ئەخلاق زەمىمەلىرىنىمۇ ئازراق
بايان قىلىپ ئۆتسەك، ئىسكەنجىبىنگە ئوخشاش سۆزىمىزگە ئاچچىق-چۈچۈكلۈك
تەمىنى بېرىپ ئوقۇغۇچى ۋە ئىشىتكۈچىلەرگە زوق ۋە لەززەت بېغىشلىشى مۇمكىن.
تارىخ كىتابلىرىدا ئىلگىرى ئۆتكەن مۇئەللىپ-ئاپتورلارنىڭ بۇرۇنقى
پادىشاھلارنىڭ ياخشى خىسلەت، يامان سۈپەتلىرىنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىشتىكى
مەقسەتلىرى «كېيىنكى زاماندا ئۆتكەن پادىشاھلار ۋە ھاكىم ئەمەلدارلار،
ياخشى ئىش قىلغان پادىشاھلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن، دۆلىتى زىيادە بولۇپ، پەرزەنت
ۋە نەۋرىگىچە دۆلىتى قولىدىن كەتمەي ئەل ئارىسىدا نامى ساقلىنىپ، خالايىق
ئۇلارنىڭ روھلىرىغا دۇئا قىلىدىكەن. يامان ئىشلارنى قىلىپ، كىشىلەرگە
زۇلۇم-ئازاب قىلسا، ئۆمرى قىسقا، دۆلەتلىرى كۇتاھ بولۇپ يەر يۈزىدە يامان
سۈپەت بىلەن مەشھۇر بولىدىكەن. بۇنداق پادىشاھلارغا خالايىق
زامان-زامانلارغىچە لەنەت ئوقۇيدىكەن»، دەپ بىلىپ ئۆزلىرىنى ياخشىلىق
يولىغا مايىل قىلىپ ياخشىلار قاتارىغا قوشۇلسا ئەجەب ئەمەس، دېگەندىن
ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن مەنمۇ ئاتىلىق غازىنىڭ يامان سۈپەت ۋە
نالايىق ھەرىكەتلىرىنى ئازغىنا يېزىپ كۆرسىتىشنى زۆرۈر دەپ بىلدىم.
ئاتىلىق غازى شۇ قەدەر ئۇلۇغ پادىشاھ بولغان بولسىمۇ، بىرەر دىيانەتلىك،
سادىق، دانا، پەزىلەتلىك كىشىنى ئۆزىگە ۋەزىر قىلمىدى. مەملىكەتنى ئىدارە
قىلىشنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى ئۆزى يالغۇز قىلدى. ھېچقانداق كىشىگە ئىشەنمىدى.
شۇنداق دۆلەتپەرۋەر، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا تەدبىرلىك كاتتاخان تۆرەم ۋە
كىچىكخان تۆرەملەرگە ئاخىرقى ئۆمرىدە ئۆزى ئىچكەن شەربەتتىن ئىلتىپات
قىلدى. ئۇلار ئىچكەن ھامان تەسىر قىلىپ بۇ ئالەمدىن ئۇ ئالەمگە سەپەر
قىلدى. ۋەلىخان تۆرەمنى يېڭىساردا تامنىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ ئۆلتۈردى.
بۇزرۇكخان تۆرەمنى بولسا دەسلەپ «مەن تۆرەمنىڭ ئەمرى بىلەن كەلگەن»، دەپ
ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ بىللە ئېلىپ يۈرۈپ يەتتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزگەندىن
كېيىن، ھەجگە بېرىپ كەلسىلە، دەپ يۇرتتىن چىقىرىۋەتتى.
دەسلەپكى چاغلاردا، ئاتىلىق غازى باشقىلار چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزسە، نەسىھەت
قىلىپ ئەپۇ قەلىمىنى سۈرۈپ كەچۈرۈم قىلدى. ئاز خىزمەت قىلسا، كۆپ ئىنئام ۋە
ئېھسانلارنى قىلدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا كىچىك گۇناھ سادىر قىلسىمۇ چوڭ
غەزەپ قىلىپ ئېغىر جازا بەردى، بەلكى يوقاتتى. چوڭ خىزمەت كۆرسەتسە ئاز
ئىلتىپات قىلدى، بەلكى بىرەر باھانىنى قويۇپ قاتتىق غەزەپ ۋە ئازاب قىلدى.
ئىلگىرى بىر باغ بېدە، بىر تاۋاق قېتىق ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈردى. كېيىن
نەچچە-نەچچە ئادەملەر خانىۋەيران بولۇپ تۈگىشىپ كەتسە ھېچكىمنىڭ دادىغا
يەتمىدى. ئىش بېشى، ھاكىم، ۋىلايەت ئەمەلدارلىرىنى قوللاپ، ئۆستۈرۈپ
زۇلۇمنى راۋاجلاندۇردى. بىر تەرەپتىن مۇساپىر ۋە مۇجاۋۇر سودىگەرلەر
كەلسە، ماللىرىنى دۆلەت ئوردىسىغا ئېلىۋالدى. مال ئىگىسى ئارغامچا-توقۇناق،
ئورۇما، كىگىز، پالاسلىرىنى قولتۇقلاپ قالدى. ئارقىسىدىن «زاكىتىنى بەر»
دەپ زاكاتچى، مۇلازىم قوشۇپ قويدى. مال ئىگىسى، پۈتۈن مېلىمنى ئوردا ئالدى،
دېسە، مېلىڭنى ئوردىدىن ئال، ھازىر زاكىتىنى بەر، دەپ قىستىدى. نائىلاج
جازانىگە پۇل ئېلىپ زاكاتنى بېرىپ، ئۆزى قەرز ئېلىپ جېنىنى ساقلىدى.
ئوردىدىن پۇلىنى بەرسە ئالدى، بەرمىسە شۇ سەۋەب بىلەن سەرگەردانلىق
كوچىسىغا كىرىپ ۋەيران بولدى.
يېزا-سەھرا، كەنت-قىشلاقلارغا غەللە-تاناپ نىڭ پۇلىنى يىغىش ئۈچۈن بارغان
مۇلازىملار 10 مىڭ، 20 مىڭ پۇل بولسىمۇ، كېچە بارسا كېچە، كۈندۈز بارسا
كۈندۈز تەخىر قىلماي يىغىۋالاتتى. ھەرگىز مۆھلەت ۋە پۇرسەت بەرمەيتتى.
ئاتىلىق غازىنىڭ ھۆكمىنىڭ ئىتتىكلىكى مۇشۇ دەرىجىدە ئىدى. خۇسۇسەن خوتەن
خەلقىنى نىياز ھېكىمبەگ، ئاقسۇنى ئابدۇراھمان دادخاھ، باي ۋە سايرامنى
مۇھەممەد ئىمىن توقسابە ناھايىتى خاراب قىلدى. «ھەر ياغاچنىڭ پانىسى
ئۆزىدىن» دېگەن تەمسىل ھەممىگە مەشھۇر بولغىنىدەك، بۇ ھاكىملار پۇقرادىن
پۇلنى ئېلىپ ئوردىغىمۇ بەردى. ئۆزىنىڭ يانچۇقلىرىغىمۇ سالدى. لېكىن ئەيىبنى
ئاتىلىق غازىنىڭ گەدىنىگە ئارتتى. ئاتىلىق غازىنىڭ ئەيىبى شۇ ئىدىكى،
كىرىم-چىقىمنى ئەسلا سۈرۈشتۈرۈپ كۆرمىدى.
ھەر
بىر ۋىلايەت ھاكىملىرىنىڭ 500دىن، ئەڭ ئازلىرىدا 60 ― 70، بىرەر 100دىن
دىۋانبەگلىرى بار ئىدى. ھەر يىلى ھەر بىر كەنتكە شۇ كەنت ئىچىدىن بىر
باينى تۇتۇپ خالىسۇن-خالىمىسۇن دىۋانبېگى قىلىپ بەلگىلەپ نىشان-دەستەك
بېرەتتى ۋە دەرھال دىۋانغا مۇلازىملارنى قوشۇپ پۇل، ئۆشرە-زاكات يىغىشقا
باشلايتتى. دىۋانبېگى بىر يىل تامام بولغۇچە ئۆشرە-زاكات، دېھقانچىلىق بېجى
قاتارلىقلارنى پۇقرالاردىن شەرىئەتكە مۇۋاپىق يىغىۋېلىپ، ئوردا خەزىنىسىگە
تاپشۇرۇپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ پالاكەت باسقان دىۋانبەگلىرىنى
تەھقىقلەپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن جاللات سۈپەت مۇلازىم، زالىم مىرزىلارنى
چىقىراتتى. بۇ مۇلازىم، مىرزىلار بىرنى ئون، ئوننى يۈز قىلىپ خەتلەپ
«ھەقىقەتلەپ» تەكشۈرگەنلىكتىن، دىۋانبەگلىرىنىڭ زىممىسىگە 20 مىڭ، 30 مىڭ
تەڭگە پۇل چۈشەتتى. ئات-ئۇلاغ، كىگىز-كېچەك، يەر-سۇ ھەتتا قازان-قوشۇققىچە
سېتىپ مۇلازىم ۋە مىرزىلارغا تاپشۇراتتى. مۇبادا مال-مۈلكى چىقىشماي قالسا،
دىۋانبەگلىرى: «ئوردا خەزىنىسىگە مۇنچە مىڭ تەڭگە قەرزدارمەن» دەپ ھۈججەت
بېرەتتى. دىۋانبەگلىرى پۇقرالاردىن يىغىۋېلىپ ئوردا خەزىنىسىگە تاپشۇرغان
پۇللارنى «شەرىئەت توغرىسىدىن»، دەپ ئاتايتتى. دىۋانبەگلىرىنىڭ ئۆزىدىن
لاغان پۇلنى «ھەقىقەت توغرىسىدىن» دەپ ئاتايتتى. ئەرز-داد قىلسا يەنە شۇ
ھاكىم، مۇلازىم، مىرزىلارغا چىقىرىپ بېرەتتى. بۇلار ئۆزىنىڭ خاھىشى،
قولىدىن كېلىشىچە قىلمىغان زۇلۇملىرىنى قىلىپ يەنە ئالاتتى، قازىلارنىڭ
ئەھۋالىمۇ شۇنداق ئىدى.
ئىككىنچى قېتىم خىتايلارنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئوتۇغات ۋە قالپاقلىرىنى
ساقلاپ كەلگەن، كۆڭۈللىرى دۈشمەنلىك ۋە ئىنتىقام ئوتى بىلەن تولغان قەدىمىي
بەگ ۋە بەگزادىلەرگە ئەجەلنىڭ ۋاقتى يېتىپ ئۆلۈپ كەتسە ئۇنى ئاتىلىق غازى
ئۆزىنىڭ پاراسەت نۇرى بىلەن دەرھال بىلەتتى. ئۇلارنىڭ مىراس باجلىرىنى
يىغىپ كېلىش ئۈچۈن زالىم، پەس تەبىئەت مىرزىلارنى چىقىراتتى. مىسال ئۈچۈن
ئېيتقاندا، مىرزا قاسىم مىھتەر، مىرزا ئابدۇللاھ بۇخارىلارنى ئاقسۇلۇق
ئابدۇللاھ دىۋانبېگىنىڭ ئوتۇغات چەشمەدارىنى 5000 تەڭگە، دىك قالپاق
خىتاي نى 10 مىڭ تەڭگە، دەپ باھا قويدىيەنى بىر ئوتۇغات ۋە بىر قالپاقنىڭ
باھاسى 15 مىڭ تەڭگە بولدى. قالغان مال-مۈلۈكلىرىنىمۇ مۇشۇ تەرىقىدە
باھالىدى. 40 تەڭگىدىن بىر تەڭگىنى مىراس بېجى دەپ ھېسابلىغان 46 مىڭ تەڭگە
بولدى. ئابدۇللاھ دىۋانبېگىنىڭ پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى پۇلغا سۇندۇرۇپ
ھېسابلىغاندا 28 مىڭ تەڭگە بولدى. مىراس بېجىنىڭ قالغىنىنى ئۇرۇق-تۇغقان،
يار-بۇرادەر، مۇلازىم، خىزمەتكارلىرىدىن قەرز ئېلىپ بەردى.
ئابدۇللاھ دىۋانبېگىنىڭ قىزى ئالىي ئوردىدا خانىشلار قاتارىدا ئاتىلىق
غازىنىڭ نىكاھىدا ئىدى. بەخت-دۆلەت يۈز ئۆرۈپ زاۋاللىققا يۈزلەنگەندە،
پادىشاھ ۋە ئۇلۇغلارنىڭ پېئىل-خۇيلىرىمۇ يۆتكىلىپ قالىدىكەن. پۇقرا-رەئىيە،
ئەمەلدار-سىپاھ، خىزمەتچى چاكارلارنىڭمۇ ھال-ئەھۋالى ئۆزگىرىدىكەن.
يىگىت-سەرۋاز، ئەمىر، سىپاھلار تون-سەرۇپاي، كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ،
ئاتلىرىنى مىنىپ، پۇللىرىنى خەجلەپ، ئاغىچە-خوتۇنلارنى ئېلىپ كۆڭۈللىرى
خالىغان غىزا-تاماقلارنى ئېتىپ يەپ، ئېغىزلىرىدا چىشلەپ، چىشلىرىدا چايناپ
تۇرۇقلۇق، ئاتىلىق غازىنىڭ شىكايىتىدىن تىللىرىنى ئەسلا يىغمىدى. تۇز
ھەققىگىمۇ يۈز خاتىرە قىلمىدى. ئاخىر جازاسىنى تارتتى. تۇزكورلۇق قىلغاننىڭ
نەتىجىسىنى كۆردى.
شۇنداق نەقىل قىلىدۇ، قەشقەرنىڭ پەيزىۋات يېزىسىدا بىر ئادەم ئېتىزغا ئۇرۇق
چېچىپ قوش ھەيدەۋاتقانىكەن. يەنە بىر كىشى كېلىپ، «ئەي بۇرادەر، نېمە
تېرىدىڭىز»، دەپ سوراپتۇ. «نېمە تېرىماقچىدىم، خىتاي تېرىدىم»، دەپ جاۋاب
بېرىپتۇ. بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ سورىغۇچى كىشى ھەيران بولۇپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
ئالتە-يەتتە ئايغا قالماي، دېگەندەك خىتايلار كېلىپ ھېلىقى ئېتىزلىققا
چۈشۈپ گازارما قىلىپ يېتىپتۇ. ئىككى پۇقرا بىر يەردە بولسا خىتايلارنىڭ
كېلىدىغان خەۋەرلىرىنى ئېيتىشىپ، راست-يالغان سۆزلەرنى توقۇشۇپ ئۆزلىرىنى
خۇش قىلاتتى. بۇ سۆزلەرنىڭ راستلىقىغا ئىسپات بولسۇن ئۈچۈن ئېسىمگە كەلگەن
مۇنداق بىر ۋەقەنى بايان قىلىپ ئۆتەي: بۇرۇنقى چاغلاردا زاماننىڭ زاھىت،
دەۋراننىڭ ئابىتلىرىدىن، قىلغان دۇئالىرى ئىجابەت بولىدىغان ئۈچ زاھىت بىر
تەرەپكە سەپەر قىلغانىكەن. بىر يەرگە بارغاندا يول ئۈستىدە ياتقان بىر
مۇنچە چېرىگەن ئۇستىخانلارغا كۆزى چۈشۈپتۇ. ئۇلار: بۇ كونا سۆڭەكلەر قانداق
مەخلۇقنىڭ سۆڭىكىدۇ؟ ئەھۋالدىن ۋاقىپ بولساق، دېيىشىپتۇ. بىرى دۇئا قىلسا،
شامال چىقىپ سۆڭەكلەرنى يىغىپ بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپتۇ. يەنە بىرى دۇئا
قىلسا سۆڭەككە گۆش، پەي، تومۇر پەيدا بوپتۇ. ئۈچىنچىسى دۇئا قىلسا، سۆڭەككە
جان كىرىپتۇ ۋە ئېچىرقاپ كەتكەن زور بىر شىر سەكرەپ قوپۇپتۇ. ئەسلىدە بۇ
شىر ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالغانىكەن. تىرىلگەندىن كېيىن ئۈچ زاھىتنى پارە-پارە
قىلىپ يەپ كېتىپتۇ. تىلەپ تاپقان خىتايلار ھېلىقى قايتا جان كىرگەن، ئاچ
قالغان شىرغا ئوخشاش بولدى.
ئەزىز بۇرادەرلەر، تارىخ كىتابلىرىدا بۇرۇنقى ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ
مېھىر-شەپقەت بىلەن قەھرى-غەزەپ، گۈزەللىك بىلەن سەتلىك، ياخشى ئەخلاق
بىلەن يامان ئەخلاقلىرىنى بىرلىكتە تەسۋىرلىنىپ بايان قىلىنىپ كەلدى.
بۇنىڭدىن كېيىنكى پادىشاھ، ۋىلايەت ھاكىملىرىدىمۇ يۇقىرىقى سۈپەتلەر بولۇشى
مۇمكىن. چۈنكى پادىشاھ، ۋىلايەت ھاكىملىرىنىڭ مېھىر-شەپقەت، ئېھسان ۋە
ئىنئام ئاتا قىلماي چارىسى يوق. غەزەپ ۋە سىياسەت ئىشلەتمەي يەنە ئىلاجى
يوق. پادىشاھ بولغان كىشى ياۋاش، رەھىمدىل بولۇپ، سىياسەت ئىشلىتىشنى
ئۆزىگە لازىم ۋە راۋا كۆرمىسە، پۇقرالاردا بەخت ۋە خۇشاللىق، ھۇزۇر ۋە
پاراۋانلىق ھاسىل بولمايدۇ. يۇرتتا بۆلۈنۈش، ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا بولۇپ
ھالاكەتكە يۈز تۇتىدۇ. ئەگەر پادىشاھ زالىم، قەزرى-غەزەپلىك بولۇپ، ئادالەت
ۋە ھەقىقەتنى لازىم تۇتمىسا، پۇقرالاردا تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىق بولماي
زۇلۇم قىلىنغۇچىلاردىن بىرەر سەگەك، سەھەر قوپىدىغان كىشىنىڭ قىلغان دۇئاسى
تەڭرىنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇپ قالسا، ئۇنداق كىشىنىڭ ئاھ دەپ يىغلىغان
كۆز ياشلىرى مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان قانلىق دەرياغا ئايلىنىپ، ھېلىقىدەك زالىم
پادىشاھلارنى، ئۇنىڭغا تەۋە خىزمەتچى-خادىم، چاكار-مۇلازىم، تۇغ-بايراق،
كاناي ۋە ئەلەملىرى بىلەن قوشۇپ غەرق قىلىپ نابۇت قىلىشى مۇمكىن. بۇ
ئالەمنىڭ ھادىسىلىرىدىن ۋە ئۆتمۈش ۋەقەلىرىدىن تەجرىبە ھاسىل قىلىپ ئىبرەت
ئېلىش لازىم. چۈنكى «ئەقىل پاراسەتنىڭ ئىگىلىرى، ئىبرەت كۆزى بىلەن چوڭقۇر
قاراڭلار!» دېگەن ئايەت بار.
پارچە
تەكىيە قىلماي ئەزىزلەر دەۋلەتى ئىلدامىغە،
باش
يانىڭدىن پات ئالۇرلەر دەۋلەتى ئىقبالىنى.
ياتقۇزۇپ جىسمى لەتىفىڭنى بۇ تىيرە خاك ئۈزە،
يوق
ئېتىپ سەۋلەت ھەشەمنى پەس قىلۇرلەر ناينى .
كەرەملىك تەڭرىم، ئۆزىگە خاس قۇدرىتى ۋە ھېكىمىتى بىلەن دۆلەت ۋە نېئمەت
ئىگىلىرىدىن، ئۆزى بەرگەن دۆلەت ۋە نېئمەتلىرىنى ئېلىشنى ئىرادە قىلسا،
ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ خۇي-پېئىلىدىكى ياخشىلىقنى ئېلىپ تاشلاپ ئۇنىڭ
ئورنىغا نالايىق ئىش، يامان ئەخلاقلارنى كىرگۈزۈپ، دۆلەت ۋە نېئمەتلەرگە
شۈكرى قىلىشتىن ياندۇرۇپ، كۇپرانى نېئمەت قىلىدىغان قىلىپ، ئاندىن
دۆلىتىنىڭ ئاپتىپىنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ، بەخت-تەلەينىڭ نۇرىنى خىرە قىلىپ
بەلكى ئۈچۈرۈپ يوق قىلىدىكەن. يەنە بىر دۆلەتكە لايىق كىشىنى بەلەن پەرۋاز
قىلدۇرۇپ، بېشىغا پادىشاھلىقنىڭ تاجىنى كىيدۈرۈپ، نۆۋەتنى ئۇنىڭغا بېرىپ
كاناي-سۇنايلىرىنى ساداغا كەلتۈرىدىكەن. ئۇلۇغ تەڭرىم، خاھى پادىشاھ، خاھى
گاداي بولسۇن بەش كۈنلۈك بۇ دۇنيادا ياخشى ئىشلارنى بەرپا قىلىپ، ياخشى نام
بىلەن كېتىشنى نېسىپ قىلغايسەن، ئامىن.
پارچە
بۇ
ئالەم ئىچرە ياخشى ئەت ئىمارەت،
كى
قالغاي نىك نام ھەم باقالىق.
ۋەرەق ئىچرە قېلىپتۇر ياخشى ئاتلار،
ئەگە
كىسىراغە ئوخشە قىلسە شەھلىق .
13
يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمىرلەر ۋە ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ھەل قىلالايدىغان لەشكەر
باشلىقلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى بىلەن سىيىت ھېكىمخان تۆرەمنى پادىشاھلىق
تەختىدە ئولتۇرغۇزغانلىقى؛ لېكىن پەلەك يار بەرمىگەنلىكتىن ئۇلار «ۋەتەن
سۆيۈش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن» دېگەن ھەدىسنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئۆز ۋەتىنىگە
قايتىپ كەتكەنلىكى
دېمەك، جانابىي ئاتىلىق غازى پانىي دۆلەتنى تاشلاپ، باقىي دۇنيانى خالاپ،
جېنىنى ئەزرائىلغا، مال-مۈلكىنى ئوغۇللىرى بىلەن قىپچاقلارغا، بەلكى خىتاي
قالماقلارغا تاپشۇردى.
نىياز ھېكىمبەگ بىلەن ئەھرارخان تۆرەم ئاتىلىق غازىنىڭ جەسىتىنى ئىچكىرى
ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويۇپ قاراشەھەردىكى ھەققۇلىبەگكە بولغان ۋەقەنى بايان
قىلىپ تېزلىكتە خەت ماڭدۇردى. ھەققۇلىبەگ ئۈچىنچى كۈنى قارا شەھەردىن يېتىپ
كەلدى. ئاڭغىچە نىياز ھېكىمبەگ ئۆزىدىن ئېھتىيات قىلىپ، ئەرز-داد بولسا
ئاتىلىق غازىي ھايات ۋاقتىدىكىدە ئەكىرگەن بولۇپ كىرىپ-چىقىپ،
يارلىق-پەرمانلارنى بېرىپ تۇردى. «جانابىي ئالىينىڭ مىجەزلىرى سەل خاپا
ئىكەن. ئاز ۋاقىتتىن كېيىن چىقىدۇ»، دەپ كىشىلەرنى يېقىن بارغۇزماي ئۈچ
كۈننى ئۆتكۈزدى. ھەققۇلىبەگنىڭ ئارقىسىدىن ھېكىمخان تۆرەم باشلىق
ئەمىرلەشكەر، پانساتلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى، ئەھۋالمۇ ئاشكارا
بولدى.
نىياز ھېكىمبەگ، مۇھەممەد كېرىم دادخاھ، تاشباي دادخاھ ۋە ئاتاباي
پانساتلار باشلىق ئەمىرلەشكەرلەر مەسلىھەتلىشىپ، بۇرۇنقى پادىشاھلارنىڭ
رەسىم-قائىدىلىرى بويىچە ھېكىمخان تۆرەمنى ئاق كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ
«خان» قىلىپ كۆتۈردى. خەزىنىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىپ ئەمىر، دادخاھ باشلىق
چوڭ-كىچىكلەرگە، يىگىت-سەرۋازلارغا تون-سەرۇپاي، پۇل ۋە تىللا، ئات ۋە
جابدۇقلارنى بەرگىلى تۇردى. مۇشۇ ئەھۋالدا يەتتە كۈن ئۆتتى. بىر كېچىدە
ھەققۇلىبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ جەسەت-تاۋۇتىنى ئېلىپ ئاقسۇ تەرەپكە ناھايىتى
تېز يۈرۈپ كەتتى.
دادخاھلار باشلىق چوڭلار «ھەققۇلىبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ يۈرۈپ
كەتتى. ئۇلار ئاقسۇغا بېرىپ خەزىنىلەرنى قولىغا ئېلىپ سەرەمجان قىلىپ،
قەشقەرگە بېرىپ ئۇ يەردىكى خەزىنە-دەپنىلەرنى قولىغا كىرگۈزۈپ، ئاندىن
كېيىن بىزلەرگە قارىماي ئەنجان، تاشكەنتلەرگە چىقىپ كېتىدۇ، خەزىنە بولمىسا
بىز خىتايلار بىلەن قاندق ئۇرۇشىمىز؟ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ
خەزىنىلەرنى بەرمەسلىكىمىز كېرەك»، دەپ ھېكىمخان تۆرەمنى ماقۇل قىلدى.
كورلىنى داخۇ تۇڭگانغا تاپشۇردى. ئۇنىڭغا ئاقسۇلۇق كوچىر ۋاڭنىڭ ئوغلى
ئاقنىيازبەگنى تۇڭچى ۋە ياساۋۇل بېشى قىلىپ، باي مۇھەممەد جارچى بېشىنى 500
سەرۋازغا باشلىق قىلىپ كورلىدا قويۇپ، ھېكىمخان تۆرەم باشلىق قوشۇنلار
ئاقسۇغا راۋان بولدى ۋە ئالدىراپ-ھولۇقۇپ ئاقسۇغا يېتىپ كەلدى.
ھەققۇلىبەگ ئالدىدا يېتىپ كېلىپ، ئاقسۇدا ئىككى كۈن تۇرۇپ، بىر مۇنچە
خەزىنىلەرنى يىغىشتۇرۇپ، يىگىت ۋە قىپچاقلار بىلەن ئاتىلىق غازىنىڭ
جەسىتىنى ئېلىپ قەشقەرگە يۈرۈپ كەتكەنىدى. ھەققۇلىبەگ «دادامنىڭ
جەسەت-تاۋۇتىنى قەشقەرگە ئاپىرىپ ھەزرىتى ئاپاق خوجام مازىرىغا دەپنە قىلىپ
بولغاندىن كېيىن ئاكام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ يا مەن كېلەرمەن، ياقۇپبەگ
ئاكام كېلەر. ئاندىن خىتايلار بىلەن غازات قىلارمىز»، دېگەن مۇستەھكەم
نىيەت بىلەن يولغا چىققانىدى. ئەمما نىياز ھېكىمبەگ: «كىچىك بېگىم
(ھەققۇلىبەگ) قەشقەرگە يۈرۈپ كەتتى. غەرىزى باشقىچىدەك قىلىدۇ. ئەلۋەتتە
ئېھتىيات قىلغايسىلەر ۋە خەۋەردار بولغايلار. ۋەسسالام»، دەپ بىر نەچچە
پىتنە-پاسات گەپلەرنى يېزىپ مەخپىي ھالدا چوڭ بەگ (بېكقۇلىبەگ)كە خەت
ماڭدۇرغانىدى. چوڭ بەگ خەتنى كۆرۈپ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولغاندىن كېيىن:
«ھەققۇلىبەگنى ئۇچرىغان يەردە ئۆلتۈرۈپ كۆمۈۋېتىپ نەرسە-كېرەكلىرىنى
ئەكىلىڭلار»، دەپ پەرمان بېرىپ مۇھەممەد زىيا پانساتنى باش قىلىپ بىر نەچچە
مەھرەم، يىگىت-سەرۋازلارنى ھەققۇلىبەگنىڭ ئالدىغا چىقارغانىدى. بۇلار لونكۇ
دېگەن يەردە ئۇچراشتى. ئاتتىن چۈشۈپ بىر پىيالە چاي ئىچىشكەندىن كېيىن
ئاتلىرىغا مىنىپ يولغا چۈشتى. ھەققۇلىبەگ بولغان ۋەقەلەرنى بىر-بىرلەپ
بايان قىلىپ سۆزلەپ بېرىپ، بۇلارنىڭ يامان غەرەزلىرىدىن بىخەۋەر، خالىس،
توغرا نىيەت بىلەن كېتىپ بارغان چاغدا، قەمبەر مەھرەم دېگەن ھەققۇلىبەگكە
قارىتىپ ئوق چىقىرىدۇ. ئوق بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ھەققۇلىبەگ «بۇ نېمە پوق يېگىنىڭ»، دەپ قىلىچلىرىنى تارتىپ چىقىرىپ
چاپماقچى بولغاندا يەنە بىر يىگىت ئوق چىقىرىدۇ. ھەققۇلىبەگ ئاتتىن يىقىلىپ
جان بېرىدۇ. ئۇنى شۇ جايدىكى بىر جىلغىغا دەپنە قىلىدۇ. ئۇ جاي «ھەققۇلىبەگ
جىلغىسى» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى.
تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1294- يىلى جامادىيەلئەۋۋەلنىڭ 2- كۈنى ھېكىمخان تۆرەم
ئاقسۇغا كېلىپ خانلىق تەختىگە چىقىپ ئولتۇردى. ھەممە يىگىت-سەرۋاز،
قىرغىز-قىپچاقلار ئاتىلىق غازىنىڭ ئاقسۇدىكى خەزىنە-دەپنىلىرىنى
تالان-تاراج قىلىپ بۇلاپ كەتتى. بۇنداق بۇلاڭ-تالاڭ «خان تالىڭى»
دېيىلىدىكەن. مۇشۇنداق پاراكەندە كۈنلەردە نىياز ھېكىمبەگ بىر نەچچە
مۇلازىملىرىنى ئېلىپ خوتەنگە قاراپ قېچىپ كەتتى.
ھېكىمخان تۆرەم ئالاھىدە يارلىق-پەرمان بىلەن ئابدۇراھمان دادخاھنى ئاقسۇغا
ھاكىم قىلدى. ئامىلخان تۆرەمنى كۇچانىڭ ھاكىملىقىدىن ئېلىۋېتىپ، كۇچانى
مۇھەممەد رېھىمخان تۆرەمگە سۇيۇرغال قىلىپ بەردى. ئۇچتۇرپاننى ھېكىم
پانساتقا، باي ۋە سايرامنى مۇسامىس بېگىگە تاپشۇردى. مۇھەممەد مۇسا
توقسابە، ئاتاباي پانساتلارنى ھۇدەيچى قىلىپ يارلىق چۈشۈردى. بەچە باتۇر
پانساتنى ھەممە لەشكەر ئۈستىدە ئەمىر لەشكەر قىلدى. كېرىم قۇل دادخاھ،
موللا ئالىم قۇلىنىڭ ئوغلى شىرمۇھەممەد مىرزىنى ئەمىرلەشكەر قىلدى. كېپەك
لاۋۇر ۋە مۇھەممەد ئەپەندىنى 2000 سەرۋازغا ئەمىرلەشكەر قىلدى.
دېمەك، سەككىز ئەمىرلەشكەرگە يارلىق ۋە نىشان بېرىپ، تۇغ-بايراق،
داپ-دۇمباق، قورال-ياراق، ئاتو-توپچاقلارنى بېرىپ، پادىشاھلارچە مەرھەمەت،
سېخىيلارچە ئىلتىپات كۆرسەتتى. شۇ پەيتتە قەشقەردىن «بېكقۇلىبەگ، جامەدار
دادخاھ، ئۆمەرقۇل ئەمىرلەشكەر ۋە ئالاش دادخاھلار باشچىلىقىدا نۇرغۇن قوشۇن
بىلەن ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىقتى»، دېگەن يامان خەۋەر يېتىپ كەلدى.
ھېكىمخان تۆرەم بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بەچە باتۇر ئەمىرلەشكەر باشلىق ھەممە
لەشكەر بېشى، پانسات، يىگىت-سەرۋاز بولۇپ جەمئىي 25 مىڭ قوشۇن بىلەن
ئاتلىنىپ، مەنزىلمۇ مەنزىل يول يۈرۈپ ئاقسۇدىن تۆت مەنزىل يىراقلىقتىكى
يايدى دېگەن جايغا يېتىپ كېلىپ چۈشۈپ ئورۇنلاشتى.
بېكقۇلىبەگ قوشۇنىنىڭ چىغاۋۇلى ئالاش دادخاھ چۆلقۇدۇق دېگەن يەرگە كېلىپ
ئورۇنلاشقانىدى. ھېكىمخان تۆرەم مۇھەممەد سىيىت پانسات، ھاپىز پانساتلارنى
پەرمان بىلەن چىغاۋۇل قىلىپ ماڭدۇرغانىدى. ئىككى چىغاۋۇل ئۇچرىشىپ ئالاش
دادخاھ ۋە ئۇنىڭ يىگىتلىرىنى ئارقىغا ياندۇرۇپ ۋە بىر نەچچە ئادەملىرىنى
تۇتۇپ باغلاپ ئەكەتتى. قەشقەرلىك ئاخۇن پانسات ھېكىمخان تۆرەم تەرىپىگە
قېچىپ ئۆتتى. ھېكىمخان تۆرەمنىڭ لەشكەرلىرى ئاخۇن پانساتنى مۇبارەكلىدى.
بۇنىڭ بىلەن زور خۇشاللىق يۈز كەلتۈردى. ئۇلار شۇ كۈنى ئارام ئالدى. سىرتتا
قاراۋۇل ۋە پايلاقچىلارنى قويدى. ئەتىسى بۇ ئىككى خۇنخور چوڭ قوشۇن
يۈزمۇيۈز بولۇپ سەپلىرىنى راسلاپ جەڭگە كىرىشتى. ھەر ئىككى تەرەپتىن
ئەسكەرلەر ئۆلۈشكە باشلىدى. ئەجەلنىڭ بازىرى جۇش ئۇرۇپ راسا قىزىدى.
ھېكىمخان تۆرەمنىڭ باتۇرلىرى بېكقۇلىبەگنىڭ يىگىتلىرىنى ئارقىغا چېكىندۈرۈپ
مەغلۇپ قىلىۋاتقان چاغدا، ئاتاباي پانسات ھۇدەيچى ھېكىمخان تۆرەمدىن يۈز
ئۆرۈپ يىگىتلىرىنى ئېلىپ بېكقۇلىبەگ تەرەپكە قېچىپ توپنى بۇزۇپ كىرىپ
كەتتى. بۇنىڭ بىلەن بېكقۇلىبەگ تەرەپكە كۈچ قوشۇلۇپ، ھېكىمخان تۆرەم
ئاجىزلاشتى. مۇشۇ ئەھۋالدا ھۈسەيىن مەھرەمنىڭ بېشىغا ئوق تەگدى. ھېكىمخان
تۆرەم ئارقىغا چېكىندى. كېرىم قۇل ئەمرلەشكەر، كېرىم باي مىرزا ۋە ئېلىبەگ
پانساتلارمۇ ئارقىسىغا ياندى. مۇھەممەد مۇسا توقسابە، كېپەك لاۋۇر،
مۇھەممەد رېھىم پالۋانلار كەلپىن قاشقال، قارابۇلاق بىلەن ئۆتۈپ ئەنجانغا
قاراپ راۋان بولدى. بۇلارغا يىگىت-سەرۋازلار قوشۇلۇپ 1500گە يېقىن ئادەم
بولۇپ بىللە كەتتى. ئىككى قوشۇن ئالتە سائەت ئۇرۇشتى. 1500چە لەشكەر چىقىم
بولدى.
ئاتاباي پانسات بېكقۇلىبەگنىڭ ئالدىغا بېرىپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن «يايدىدا
نۇرغۇن خەزىنە بار ئىدى. زايە بولۇپ كېتەرمىكىن»، دەپ مەلۇم قىلدى.
بېكقۇلىبەگ ئاتاباي پانساتقا تون-سەرۇپاي مەرھەمەت قىلىپ، «سىز ئىلگىرىلەپ
بېرىپ خەزىنىنى مۇھاپىزەت قىلىڭ!» دەپ پەرمان قىلدى. ئاتاباي پانسات تېز
بېرىپ خەزىنىنى ئۆز تەرىپىگە تارتىۋاتقاندا، ھېكىمخان تۆرەم يېتىپ كەلدى.
ئاتاباي پانسات قاچتى. ھېكىمخان تۆرەم تۇتتۇرۇپ كېلىپ: «مەندىن نېمە
يامانلىق كۆردۈڭ؟» سېنى ھۇدەيچى قىلسام سەن ماڭا تۇزكورلۇق قىلدىڭ.
ئاتا-بوۋا ئەجدادىمنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۈڭمۇ؟ سېنى ماڭا تۇتۇپ بەردى.
ئۆزۈڭنىڭ تارتىشقا تېگىشلىك جازاسى»، دەپ يالىڭاچلاپ، شاش، توسۇن ئاتنىڭ
قۇيرۇقىغا باغلاپ قويۇپ بەردى. ئۇ ئاتنىڭ كەينىدە دەشت-باياۋانلاردا
سۆرۈلۈپ پارچە-پارچە بولۇپ يوقالدى. ھېكىمخان تۆرەم خەزىنىلەرنى
تالان-تاراج قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى. ئاخىر باشقىلار بۇلاپ تۈگەتتى.
نەزم
نالە
قىلما غەيرىدىن ئۆزۈڭ ئىشىدىن بول مولۇل،
كىم
زەرەرنى تېرىپ ئەردىڭ ھەم زەرەر تاپتىڭ ھوسۇل .
شەمئى پەرۋانەنى كۆيدۈردى،
كۆيگۈسى داغى ئۆز ئاياغى بىلەن .
ھېكىمخان تۆرەم ئايكۆلگە كەلدى. ئايكۆلدىن ئارالنى ئارىلاپ ئۆتۈپ
ئۈچتۇرپانغا باردى. ئۇ يەردىمۇ تۇرماي بەدەل داۋىنىدىن ئېشىپ ئىسسىق كۆلگە
بېرىپ، ئۇ يەردىمۇ توختىماي پەرغانە ۋىلايىتى، مەرغىلان شەھىرىگە تەۋە ئابا
ۋە ئەجدادلىرىنىڭ قەدىمكى مەھەللىسى «ئەسكە» دېگەن جايغا بېرىپ ئورۇنلاشتى.
ھېكىمخان تۆرەم بىلەن مۇھەممەد توقسابە باشلىق 5000دىن ئارتۇق
ئاتارمەن-چاپارمەن يىگىتلەرمۇ بىللە چىقىپ كەتتى. بەچە باتۇر باشلىق بىر
نەچچە پانسات ۋە 10 مىڭدىن ئوشۇقراق يىگىتلەر ھېچ تەرەپكە يۆتكەلمەي تۇرۇپ
بېكقۇلىبەگكە ئىتائەت قىلدى. بېكقۇلىبەگمۇ بۇلارغا ئىلتىپاتلار كۆرسەتتى.
بېكۇلىبەگكە ئىشەنچ ۋە ئىخلاسى يوق يىگىتلەر ھەر تەرەپكە قېچىپ، سەرگەردان
بولۇپ تاراپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلامدىن روناق كەتتى.
جانابىي ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ لەقىمى «بەدۆلەت» ئىدى. بۇ لەقەم
ئاسماندىن چۈشكەن، تەڭرى ئاتا قىلغان لەقەم ئىدى. بەدۆلەت كەتتى،
ئىسلامنىڭمۇ دۆلىتى كەتتى. ئۇلۇغ تەڭرىم، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىدىن
ئىسلامنىڭ مۇھەببىتىنى يوق قىلمىغايسەن. قىيامەت كۈنى مۇسۇلمانلار قاتارىدا
باش كۆتۈرگىلى نېسىپ قىلغايسەن، ئامىن! ئىككىلا ئالەمنىڭ پەيغەمبىرى ―
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەققى-ھۈرمىتىدىن دۇئايىمىزنى ئىجابەت
قىلغايسەن.
14
جانابىي بېكقۇلىبەگ ئىبنى مۇھەممەد ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى؛
ئاقسۇ بىلەن خوتەننى بېسىۋالغانلىقى ۋە دۆلىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى
ھەققۇلىبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ جەسىتىنى كورلىدىن قەشقەرگە ئېلىپ ماڭغاندا،
بېكقۇلىبەگ پىتنە-پاسات گەپلەر ۋە يالغان ھىيلە-مىكىرلەرگە ئىشىنىپ ئۆزىنىڭ
بىر قورساق بىگۇناھ ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈپ قولىنى قانغا بوياپ، بۇ
دۇنيا-ئاخىرەتتە مالامەت ۋە تاپا-تەنىگە قالدى. بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ ئاقسۇغا
بېرىپ ھېكىمخان تۆرەم بىلەن جەڭ قىلىش قارارىغا كەلدى ۋە ئەمىر لەشكەر
ئۆمەرقۇل دادخاھ، جامەدار دادخاھ ۋە ئالاش بى دادخاھلار باشلىق 15 مىڭدىن
كۆپرەك لەشكەرنى ئېلىپ تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1294- يىلى جامادىيەلئاخىرنىڭ
18- كۈنى سۆلەت ۋە ھەشىمەت بىلەن ئاقسۇغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، چۆلقۇدۇق ۋە
يايدى دېگەن جايلاردا ھېكىمخان تۆرەم بىلەن ئۇچراشتى. ئىككى ئارىدا
ئۇرۇش-جەڭلەر بولدى. بېكقۇلىبەگنىڭ ئادەملىرىدىن مۇھەممەد قابىل ياساۋۇل
بېشى ۋە پوسەر پانسات باشلىق مىڭغا يېقىن يىگىت نابۇت بولدى. جامەدار
دادخاھنىڭ باشمالتاق قولىنى ئوق ئۈزۈۋېتىپ قولى كېرەكتىن چىقتى. شۇنىڭ
بىلەن بېكقۇلىبەگكە مەغلۇبىيەت يۈز كەلتۈرۈۋاتقان چاغدا، ھېكىمخان تۆرەم
باشلىق يىگىت-سەرۋازلار ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىپ ئارقىسىغا چېكىندى.
بېكقۇلىبەگ غەلىبە قىلىپ ئاقسۇ، كۇچا، ئۈچتۇرپانلارنى قولغا كىرگۈزۈشكە
مۇيەسسەر بولدى ۋە ئەركانى دۆلەتلىرى بىلەن يايدىن چىقىپ ئاقسۇغا يېتىپ
بېرىپ ئاتا مىراسى تەخت بارگاھلىرىغا چىقىپ ئولتۇردى. ئۇ ھېكىمخان تۆرەمگە
تەۋە چوڭ-كىچىك يىگىت سەرۋازلارغا كايىپ، ئەيىبلەپ بەزىلىرىنى نەزەربەند
قىلدى. بەزىلىرىنى يەكەنگە ۋە قەشقەرگە ھەيدىۋەتتى. ئاقسۇنىڭ ئىشلىرىنى بىر
تەرەپ قىلغاندىن كېيىن ئابدۇراھمان دادخاھنى ئاقسۇغا ھاكىم قىلىپ يارلىق
چۈشۈردى. مۇھەممەد رېھىمخان تۆرەمنى كۇچانىڭ ھاكىملىقىدىن ئېلىۋېتىپ
ئورنىغا قايتىدىن ئامىلخان تۆرەمنى بەلگىلىدى. ئۇچتۇرپاننى مۇھەممەد بابا
توقسابەگكە، باي ۋە سايرامنى مۇسا مىس بېگىگە تاپشۇردى، شۇنىڭدىن كېيىن
ئاقسۇدا بىر ئايدەك تۇرۇپ پايتەختى قەشقەرگە قايتىپ كەلدى.
ئامىلخان تۆرەم كۇچاغا بېرىپ خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن كۇچالىق قادىر
پانسات، شايارلىق مەئمۇر پانسات، ئالاش دادخاھنىڭ ئىنىسى يولداشبەگ پانسات
قاتارلىق بەش پانساتنى بۈگۈرگە بېرىپ تەكشۈرۈپ كېلىشكە ئەۋەتكەنىدى. بۇلار
بۈگۈرگە بېرىپ جاھاننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ھەممىسى بىرلىشىپ
مەسلىھەتلىشىپ مۇنداق قارارغا كېلىشتى: «دەسلەپتە كۇچادىكى خىتايلارنى بىز
ئۆلتۈرگەنىدۇق. ھازىر يەنە خىتايلار تۇرپانغا يېتىپ كېلىشتى. بۈگۈن-ئەتە
كۇچاغا يېتىپ كېلىش ئېھتىمالى بار. تۇڭگان داخۇ، شاۋخۇلار خاقانى چىننىڭ
چوڭ دۈشمىنى ئىكەن. كۇچانى ئەنجانلىقلاردىن ئاجرىتىۋېلىپ ئۆزىمىز سوراپ
تۇرساق ۋە داخۇ، شاۋخۇلارنى قولىمىزغا كەلتۈرۈپ ئۇلارنى خىتاي
مەنسەپدارلىرىغا سوۋغات قىلساق، مۇشۇ سەۋەب بىلەن ئىلگىرىكى گۇناھلىرىمىزنى
ئەپۇ قىلىۋەتسە ئەجەب ئەمەس»، دېيىشىپ بىر كېچىدە بۇزۇلۇپ، كۇچاغا قاراپ
يولغا چىقتى. كۇچاغا بىر مەنزىل يىراقلىقتىكى ياقاتوقاي دېگەن ئۆتەڭگە
كېلىپ، تاغ ئېرىق يېزىسىدىن 2000 ئالاماننى يىغىپ تۆت تەرەپتىن قورشىۋالدى.
بۇ ئەھۋالنى ئامىلخان تۆرەمگە خەۋەر قىلسا ېۇ: «قادىر پانساتنىڭ ھەددى
ئەمەس، بىھۇدە، ئوشۇق گەپنى قىلماڭلار»، دەپ بىپەرۋالىق قىلىپ ئۇيقۇغا
كىرىشىپ كەتتى. شۇ چاغدا كۇچادا توپ، زەمبىرەكلىرى بىلەن 1000 تۇڭگان
سەرۋاز بار ئىدى. قادىر پانسات تۇڭگانلارغا مەخپىي كىشى كىرگۈزۈپ ئۇلارنى
ئۆزىگە قارىتىۋالغانىدى. ئاڭغىچە تاڭ ئاتتى. ئامىلخان تۆرەم ئويغىنىپ،
كۆزلىرىنى ئېچىپ قارىسا ئىش باشقىچە، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇرۇشقا تەييارلاندى.
ئىككى تەرەپ ئوق چىقىرىشىپ جەڭ قىلىشتى. ئامىلخان تۆرەم تەرىپىدىن
ئابدۇللاھبەگ باشلىق 180 كىشى ھالاك بولدى. ئاخىر تەڭ كېلەلمەي ئامىلخان
تۆرەم ئاقسۇغا قاراپ قاچتى. كۇچانى قادىر پانسات ئۆزىگە قاراتتى. تېخى بىر
ئاي ئۆتمىگەنىدى، كورلىدىكى داخۇ، شاۋخۇلار قوزغىلىپ كۇچاغا قاراپ
كېلىۋاتقانلىقىنىڭ خەۋىرى كەلدى. قادىر پانسات 5000 ئادەم راسلاپ قاراياغاچ
دېگەن يەرگە ئالدىغا چىقىپ، توسۇپ جەڭ قىلدى. 300 ئادەم نابۇت بولدى. ئاخىر
تۇڭگانلار غالىب كەلدى. قادىر پانسات باشلىق كۇچا لەشكەرلىرى ھەر تەرەپكە
قاچتى.
ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ ھېكمەت ۋە قۇدرىتىنى شۇنىڭدىن كۆرۈڭلاركى، بىر ئاي ئىچىدە
كۇچانى ئامىلخان تۆرەمدىن قادىر پانسات ئالدى. قادىر پانساتتىن تۇڭگانلار
ئالدى. تۇڭگانلاردىن خىتايلار ئالدى.
نىياز ھېكىمبەگ ئاقسۇدىن قاچقان پېتى خوتەنگە بېرىپ دۈشمەنلىك ۋە خۇسۇمەت
دۇمبىقىنى چېلىپ باشقىچە يول تۇتتى. بۇ خەۋەرنى بېكقۇلىبەگ ئاڭلاپ
قەشقەرنىڭ ئىشلىرىنى سەرەمجان قىلغاندىن كېيىن نىياز ھېكىمبەگنىڭ ئەدىبىنى
بېرىش ئۈچۈن خوتەنگە يۈرۈش قىلىشقا تەييارلاندى. ئۇ ئۆمەرقۇل دادخاھ
ئەمىرلەشكەر، جامەدار دادخاھ، ئالىمباي پانسات، شىر مۇھەممەت مىرزا پانسات،
ئوبۇلقاسىم پانسات، مىرزا ئەھمەت قوشبېگى ئەمىرلەشكەر، ئۇنىڭدىن باشقا
مادالويە باشلىق 2000 تۇڭگان قوشۇلۇپ توپ-زەمبىرەك، دۇمباق-كانايلىرىنى
ئېلىپ 25 مىڭ يىگىت بىلەن يولغا چىقتى. ئاتىلىق غازىنىڭ
قائىدە-ئۇسلۇبلىرىنى جارى قىلىپ، مەنزىلمۇ مەنزىل يول يۈرۈپ يەكەنگە كېلىپ
چۈشتى. بېكقۇلىبەگ شاغاۋۇل دادخاھنى يىگىتلىرى بىلەن ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ
يەكەندىن يۈرۈش قىلىپ خوتەن ۋىلايىتىگە تەۋە زابا دېگەن جايغا يېتىپ كەلدى.
بۇ خەۋەرنى نىياز ھېكىمبەگ ئاڭلاپ ئىنىسى مۇھەممەد ئىمىنبەگنى ئەمىرلەشكەر
قىلىپ توپ-زەمبىرەكلىرى بىلەن 10 مىڭ لەشكەر، 30 مىڭ پاراكەندە-باشباشتاق
چوماقچىلارنى ئەۋەتكەنىدى. ئىككى تەرەپتىن سەرپ تارتىپ ئۇرۇش باشلىدى. تولا
ئادەملەر نابۇت بولدى. ئاخىر بېكقۇلىبەگ غالىب كەلدى. مۇھەممەد ئىمىنبەگ
مەغلۇپ بولۇپ قاچتى. نىياز ھېكىمبەگمۇ تەييارلا تۇرغانىكەن. مۇھەممەد
ئىمىنبەگنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئاڭلاپ كېرىيە ۋە نىيە تەرىپىگە قاراپ
قاچتى. ئوردا ئىچى ۋە خەزىنىلىرىنى يىگىت-سەرۋاز، ئالامانلارغا بۇلاڭ-تالاڭ
قىلىشقا ئەمىر قىلدى.
|