|
تەڭرى قامچىسى- ئاتتىلا
يۈسۈپچان ياسىن
كىرىش سۆز
ھونلار بۇنىڭدىن تۆت-بەش مىڭ يىللار ئىلگىرى ئېلىمىزنىڭ شىمالى تەرەپلىرىدە
ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار مەملىكىتىمىزنىڭ كەڭ
زېمىنىنى ئېچىش ۋە پارلاق مەدەنيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ناھايىتى زور رول
ئوينىغاندى.
ئېلىمىز مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ھونلار مىلادىيىدىن بىر قانچە مىڭ
يىللار بۇرۇنلا ئوتتۇرا ئاسىيادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.
مىلادىيدىن بۇرۇنقى 4- ئەسىردىن باشلاپ، ھونلار ناھايىتى قۇدرەتلىك بىر
سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. مىلادىيىدىن
بۇرۇنقى 3-ئەسىرگە كەلگەندە، ھۇنلاردا باتۇر تەڭرىقۇت (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى
209-174-يىللاردا تەخىتتە ئولتۇرغان) ئىسىملىك بىر مەشھۇر داھى ئوتتۇرىغا
چىقتى. باتۇر تەڭرىقۇت قەدىمكى زامان دۇنيا تارىخىدىكى قۇدىرەتلىك
دۆلەت-ئاسىيا ھۇن ئىمپېرىيىسىنى قۇردى، بەزى تارىخشۇناسلار باتۇر
تەڭرىقۇتنى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى «ئوغۇزخان» بىلەن بىر كىشى
دەپ قارايدۇ.
باتۇر تەڭرىقۇتتىن 600 يىل كېيىن، ياۋروپادا ئوتتۇرىغا چىققان ئاتتىلا
ئۇلۇغ بوۋىسى باتۇرنىڭ روھى ۋە ئىش-ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ
يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. ئاتتېلا ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى
دانىشمەنلىكى، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى يۈكسەك تالانتى ۋە دىپلوماتىيە
جەھەتتىكى ماھىرلىقى بىلەن ياۋروپا ھۇن ئىمپېرىيىسىنى ئەينى دەۋر ياۋروپا
دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇردى. ياۋروپا ھۇن ئىمپېرىيىسى
ئاتتىلا دەۋرىدە مىسلىسىز دەرىجىدە قۇدرەت تېپىپ، ياۋروپا خرىستىئان
دۇنياسىنى قاتتىق چۆچۈتكەن دەھشەتلىك بىر سىياسىي كۈچكە ئايلاندى. ھەتتا،
نامى مەشھۇر رىم ئىمپېرىيىسىمۇ ھۇنلارغا داۋاملىق تۈردە باج تاپشۇرۇش شەرتى
بىلەن ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئاران ساقلاپ قالغان. مانا مۇشۇنداق قۇدىرەتلىك
بىر سىياسىي كۈچنى بارلىققا كەلتۈرگەن كىشى ئاتتىلا بولغاچقا، تارىختا
ياۋروپا ھۇنلىرى «ئاتتىلا ھۇنلىرى»، ياۋروپا ھۇن ئىمپېرىيىسى بولسا،
«ئاتتىلا ئىمپېرىيىسى» دەپ ئاتالغان. ئاتتىلا ئىمپىرىيىسىنىڭ زېمىنى غەربتە
ئاتلانتىك ئوكياندىن، شەرقتە ئىران، ھەتتا ئالتايغىچە، شىمالدا بالتىق
دېڭىزىدىن جەنۇبتا دوناي دەرياسىغىچە سوزۇلغان. ئاتتىلانىڭ ياۋروپا
خرىستىئان دۇنياسىدا پەيدا قىلغان كۈچلۈك تەسىرى تا بۈگۈنگە قەدەر ياۋروپا
مىللەتلىرى تەرىپىدىن ياد ئېتىلىپ كەلمەكتە. مىسال قىلىپ ئېيتىدىغان
بولساق، 1900-يىلى گېرمانىيە ئارمىيىسى يىراق شەرققە يۈرۈش قىلغاندا،
گېرمانىيە پادىشاھى ۋىلگېلىم ئۇلارغا مۇنداق نۇتۇق سۆزلىگەن: «بۇنىڭدىن مىڭ
نەچچە يۈز يىل بۇرۇن، ئاتتىلانىڭ قوماندانلىقىدىكى ھونلارنىڭ ياۋروپادا
ئېلىپ بارغان ھەيۋەتلىك ھەربىي يۈرۈشلىرى ۋە مۇقەددەس غەلبىلىرى، بۈگۈنگە
قەدەر ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدە، شېئىر-قوشاق،
داستانلىرىدا تەرىپلىنىپ ۋە مەدھىيلىنىپ كەلمەكتە. خۇددى شۇنىڭدەك، نېمىس
مىللىتىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمۇ سىلەر ئارقىلىق بىز ئىگىلىگەن دۆلەتتە داستانغا
ئايلىنىپ، نەچچە مىڭ يىللارغىچە تارقىلىپ يۈرسۇن».
مانا بۇ ھونلارنىڭ، شۇنداقلا ئاتتىلانىڭ ياۋروپادىكى تەسىرىنىڭ نەقەدەر
كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئاتتىلا ھەقىقەتەن ياۋروپا دۇنياسىدا
كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغاچقا، ئۇنىڭ نامى، بۈگۈنگە قەدەر ياۋروپا
مىللەتلىرىنىڭ يازما ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئاساسىي تېمىلارنىڭ بىرى
بولۇپ كەلدى. ئاتتىلاغا بېغىشلانغان نۇرغۇن شېئىر، داستان، سەھنە
ئەسەرلىرى، رومان، پوۋسىت ۋە ھېكايىلەر يېزىلدى.
ئىتالىيە ئەدەبىيات تارىخىدا روكودېگلى ئارمىنىس(1583-يىلى) ۋە ئاسكانىئو
لوناتى(16-ئەسىردە) نىڭ ئاتتىلانىڭ ھاياتى تەسۋىرلىنىدىغان داستانلىرى
ئەينى ۋاقىتتا قايتا-قايتا نەشر قىلىنغان. بېلمونت كاگنولىنىڭمۇ
(1625-1628-يىللار) ئاتتىلا توغرۇلۇق بىر قانچە شېئىرلىرى بار. ماتئو نورىس
«ئاتتىلا» (1672-يىلى) ناملىق بىر ئوپېرا يازغان. سەھنە ئەسەرلىرى ئىچىدە
گېئوسىت ۋېردىنىڭ «ئاتتىلا» ناملىق ئوپىراسى ئەڭ مەشھۇر ئىدى. بۇ ئەسەر
1846-يىلى، ۋېنىتسىيە سەھنىلىرىدە ئوينالغان.
ئىسپانىيە ئەدەبىيات تارىخىدا كىرىستوبال دى ۋىرۇئېسنىڭ «ئەقىلدىن ئازغان
ئاتتىلا» (1609-يىلى)، لۇئىس دى گۇۋارانىڭ «تەڭرى قامچىسى-ئاتتىلا» ناملىق
تىراگىدىيلىرى بار.
فىرانسىيلىك يازغۇچىلاردىن پىئېر كورنىلنىڭ «ئاتتىلا» ناملىق بىر
تىراگىدىيسى بار. ھېنرى بورنېر «ئاتتىلانىڭ تويى» (1880-يىلى) ناملىق
درامىنى يازغان.
ئىنگلىزلاردىن ج. جورج ساين رانسفوردنىڭ «ئاتتىلا ۋە ھونلار» ناملىق رومانى
1837-يىلى ئېلان قىلىنغان.
نېمىسلاردىن ئەڭ بۇرۇن زاكخارىئاس ۋېرنېر 1808-يىلى «ھۇن پادىشاھى ئاتتىلا»
ناملىق رومانتىك تىراگىدىيسىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ھېنرىخ روستى
(1853-يىلى)، جون مىخائىل سولتى(1865-يىلى)، ئالبېرت رومانن(1872-يىلى)،
ئوتتو كونسېنت(1881-يىلى) ۋە ھېنرىخ ك. س. فون زىمېرمانن(1883-يىلى)
قاتارلىقلارنىڭ دراممىلىرى كەينى-كەينىدىن مەيدانغا كەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا
يوسېف مارنىل(1847-يىلى) ۋە فىلىپ دان(1884-يىلى) قاتارلىقلارنىڭ ئاتتىلا
ھەققىدىكى رومانلىرىمۇ خېلى شۆھرەت قازانغان.
ھونلار (ۋىنگىرلار) ئاتتىلا ھۇنلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغاچقا، ھۇنگىرلارنىڭ
ئەدەبىياتىدا ئاتتىلاغا بېغىشلانغان ئەسەرلەر ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.
مەشھۇر يازغۇچىلاردىن ئارانىي، گاردونىي، بانفىي، ۋالكاي ئاندراس ۋە گوسار
ۋارىي ماتياس قاتارلىقلارنىڭ داستانلىرى ئىنتايىن مەشھۇر. 17- ئەسىردە
ياشىغان مەشھۇر داستانچى مىكلوس يازغان «ئاتتىلا» ناملىق ئېپىگراما
ناھايىتى شۆھرەت قازانغان. سەھنە ئەسەرلىرىدىن بېسېنىي گېئورگىنىڭ «بۇدانىڭ
تراگېدىيسى» (1773-يىلى) ۋە «ئاتتىلا ۋە بۇدانىڭ تراگېدىيسى»(1787-يىلى)،
ۋاژداپېتىرنىڭ «بۇدانىڭ ئۆلۈمى» كارولىينىڭ «ئاتتىلانىڭ ئۆلۈمى»(1890-يىلى)
دوپسالاژۇسنىڭ «ئاتتىلا ۋە ئىلدىكو» ۋە خارسانىي كالماننىڭ «ئىلەك»
(1924-يىلى) ناملىق تىراگېدىيىلىرى، ماركۇس لاسزلونىڭ «ئاتتىلا»
(1912-يىلى) ۋە كونت بانفى مىكلوسنىڭ «ئۇلۇغ بەگ» (1912-يىلى) ناملىق
درامىلىرى زور شۆھرەتكە ئىگە. بۇلارنىڭ ئىچىدە دوپسا، ماركوس ۋە خارسانىي
قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى سەھنىلەشتۈرۈلگەن. ژ ئارانىينىڭ «بۇدانىڭ ئۆلۈمى»
(1864-يىلى) ناملىق داستانى، تومپا مىخائىلنىڭ «ھۇن پادىشاھى ئاتتىلا
ھەققىدە» (1867-يىلى)، فۇلوپ ئاروننىڭ «ئاتتىلا»(1909-يىلى) ۋە «ئاتتىلانىڭ
ئوغۇللىرى»(ئۈچ توم، 1885-1908-يىللار)، «پادىشاھ ئاتتىلا ھەققىدە داستان»
(1909-يىلى) قاتارلىق ھېكايىلىرى زور تەسىر قوزغىغان. ئاتتىلا توغرىسىدا
يېزىلغان رومانلاردىن مەشھۇرلىرى بالفىي ئالبېرت يازغان «تەڭرى قىلىچى
ئاتتىلا» (1859-يىلىدىن باشلاپ بەش قېتىم نەشر قىلىنغان)، ئۇلۇغ تارىخى
رومان يازغۇچىسى گاردونىي گىزا يازغان «كۆرۈلمىگەن ئىنسان» (1914-يىلى) ۋە
پىكار گىيۇلانىڭ «ئاتتىلا» قاتارلىق رومانلىرىدىن ئىبارەت.
تۈرك ئەدەبىياتىدا ئاتتىلاغا بېغىشلانغان ئەسەرلەرمۇ خېلى كۆپ، بۇلارنىڭ
ئىچىدە ئالاھىدە تەسىر قوزغىغانلىرى پەيامى سافانىڭ «ئاتتىلا» (1931-يىلى)
ۋە ئاپتۇللاخ زىيا قازان ئوغلۇنىڭ «ئاتلىخان»(1942-يىلى) قاتارلىق
رومانلىرى، ئەنۋەر بېخنان شاپوليونىڭ «ئاتتىلا» ناملىق ھېكايىسى، سەھنە
ئەسەرلىرىدىن س. بەخزاتنىڭ «ئاتتىلانىڭ تويى» (1934-يىلى)، بەخچەت كەمال
چاغلارنىڭ «ئاتتىلا»(1935-يىلى)، م. كەمال ئەرگىنەقۇتنىڭ «ئاتتىلا»
(1935-يىلى) ۋە ناجى تانسەلنىڭ «ئاتتىلا» قاتارلىق درامىلىرى بار.
ئاتتىلانىڭ پەۋقۇلئاددە ھاياتى يەنە رەسساملارنىڭمۇ كۈچلۈك ئىلھامىنى
قوزغىغان. مەسىلەن، ئىتالىيىلىك داڭلىق رەسسام رافىللو سانتى (1520-يىلى
ئالەمدىن ئۆتكەن) پاپا جۇلئۇس
IIنىڭ
ھاۋالىسى بىلەن، ۋاتىكاندىكى ھىلودوروس ساريىغا بېغىشلاپ «س. لېئو بىلەن
ئاتتىلانىڭ ئۇچرشىشى»ناملىق داڭلىق تام رەسىمىنى سىزغان.
نېمىسلاردىن پېتىر كورنېلئوس (1867-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، جولىئوس سىكنور
فون كارولسىفلد (1872-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) قاتارلىقلارنىڭ ئاتتىلاغا
بېغىشلاپ سىزغان بىردىن رەسىمى بار. نېمىس رەسسامى ۋىلھىم فون كالباك
(1878-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) نىڭ «ھۇن ئۇرۇشى» (كاتو ـ لونيا ئۇرۇشى)
ناملىق تام رەسىمى ناھايىتى داڭلىق ئاسما رەسىم ھېسابلىنىدۇ. ھۇنگر
رەسساملىرىدىن چەممور (1899- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) نىڭ بۇداپېشتتىكى
ۋېگادو سەنئەت سارىيىغا سىزغان «ئاتتىلانىڭ زىياپىتى» ناملىق تام رەسىمى ۋە
فاكزكا فېرېنك (1925-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) نىڭ «ئاتتىلارنىڭ توي
كېچىسى»ناملىق تام رەسىمىمۇ زور شۆھرەت قازانغانىدى.
ھازىر ھۇنگرىيىنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ئاتتىلانىڭ ئاتلىق ھەيكىلى
تۇرغۇزۇلدى.
يېقىندىن بېرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئاتتىلا ھەققىدە بىر قانچە فىلىم
ئىشلەندى.
ئاتتىلا ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئېمپىراتور ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ھونلار ئاتتىلا
دەۋىرىدە ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىپ، دۇنيا تارىخىدا
مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ئىزلارنى قالدۇرغاندى. بۇ كىتابتا، ئەنە شۇ دۇنياغا مەشھۇر
ئاتتىلانىڭ بىر پۈتۈن ھاياتى، ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيسىنى كۈچەيتىش يولىدىكى
تۈرلۈك پائالىيەتلىرى، قوشنا ئەللەر بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى ۋە ئۇنىڭ
ياۋروپا خرىستىئان دۇنياسىدىكى تەسىرى ھەمدە ياۋروپادىكى ھەر قايسى
مىللەتلەر ئارىسىدا، ئاتتىلا توغرۇلۇق بارلىققا كەلگەن تۈرلۈك رىۋايەتلەر،
شۇنداقلا ئاتتىلا ھۇنلىرىنىڭ ياۋروپا مەدەنيىتىگە قوشقان تۆھپىسى
قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ.
بىرىنچى باب
ياۋروپا ھۇن ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى
1. ھونلارنىڭ ئىرقىي تىپى
ھونلارنىڭ ئەسىلى مەنبەسى بولغان تۈرك ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ مىللەت سۈپىتىدە
ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپرىقىدا كۆرۈلۈشى تارىخنىڭ ناھايىتى قاراڭغۇ چاغلىرىغا
يېتىپ بارىدۇ. تۈرك ئېتىنىك تۈركۈمى ئاپىرىدە بولغان قەدىم جاي توغرىسىدا،
19-ئەسىردىن بېرى غەرب ئالىملىرى ئوتتۇرىسىدا تۈرلۈك قاراشلار ئوتتۇرىغا
قۇيۇلۇپ كەلدى. س. كىلاپروت، ھاممېر، ۋ. سىموت، ۋىيدىمان، ئا. گاستېرىن، ھ.
ۋامبىرىي، ن. ئارستوف ۋە ئى. ن. ھوممېر قاتارلىق شەرقشۇناس تۈركولوگلار
خەنزۇچە مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئالتاينى تۈرك ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ
ئانا يۇرتى، دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن، غەرب ئالىملىرى ئارىسىدا تۈركى
تىللىق مىللەتلەرنى ۋە ئۇلار بىلەن تارىختا يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان
مۇڭغۇل-مانجۇ ئېتىنىك توپلىرىنى «ئالتاي مىللەتلىرى»، ئۇلارنىڭ تىلىنى
«ئالتاي تىللىرى» دەپ ئاتايدىغان خاس ئاتالغۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ
ئالىملارنىڭ يازما مەنبەلەر ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈمى، كېيىن
ئارخېئولوگىيلىك تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە تولۇق ئىسپاتلاندى. رۇس
ئارخېئولوگلىرىدىن س. ۋ. كىسېليېۋ ۋە س. س. چىرنىكولارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا
ئېلىپ بارغان ئارخېئولوگىيلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە مەلۇم بولدىكى،
«براكسىفال(يۇمىلاق باش) جەڭگىۋار ئاق ئىرق» كىشىلىرى تاش دەۋىرىنىڭ
دەسلەپكى چاغلىرىدىن بېرى ئالتاي-سايان تاغلىرىنىڭ غەرىبى شىمال
تەرەپلىرىنىڭ ئاساسلىق خەلقى ئىدى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئافاناسيېۋا مەدەنىيىتى (مىلادىيدىن بۇرۇنقى
2500-1700-يىللار)؛ بولۇپمۇ ئاندىرنوۋا مەدەنىيىتى (مىلادىيدىن بۇرۇنقى
1700-1200-يىللار) نىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە، ئەتراپتىكى دولىكوسفال
موڭغۇلوئىدلاردىن، ھەتتا، دولىكوسفال «ئاق دېڭىز تىپى»دىكى ئىنسانلاردىن
پەرقلىق بولغان، تۈرك نەسلىنىڭ پىروتو تىپى ھېسابلانغان «بىراكسىفال
جەڭگىۋار ئاق ئىرق» تۈرك نەسلىنىڭ ئاق تەنلىك كىشىلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى
كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئىرق ئىچىدە «ياۋروپىد» دەپ ئاتالغان
گۇرۇپپىنىڭ «تۇران» تىپىدىكى بىراكسىفال تۈركلەرنىڭ دولىكو سىفال
موڭغۇلوئىدلاردىن ۋە باشقا ئىرقلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان
ئانتوروپولوگىيلىك بەلگىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. مەلۇم
بولغىنىدەك، «تەۋرات»تا نەقىل كەلتۈرۈلگەن قەدىمكى ئەنئەنىلەردىمۇ تۈرك
نەسلىنىڭ ئاق ئىرقتىن ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
تۇران تىپىغا ئۆرنەك بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا، ماۋرەئۈننەھىر ۋە يېقىن شەرق
تۈركلىرى ئاق تەنلىك، تۈز يۈزلۈك(يۇمىلاققا مايىل)، قوي كۆزلۈك، قوش
قاپاقلىق، قاڭشارلىق، قاۋۇل، ساقال-بۇرۇتلۇق، گۈزەل ئىسكەتلىك، ساغلام
بەدەنلىك ئەر-ئاياللىرى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر مەنبەلىرىدە گۈزەلىككە سىمۋول
قىلىنغان، ھەتتا ئىران ئەدەبىياتىدا «تۈرك» دېگەن سۆز بەزىدە «گۈزەل»
مەنىسىدە ئىشىلتىلگەن.
ئارخېئولوگلار ئالتاينىڭ مالتا دېگەن يېرىدىن پالىئولىد دەۋرى (كونا تاش
قورال دەۋرى) گە ئائىت لايدىن ياسالغان ئۆيلەرنىڭ خارابىسىنى تاپتى. بۇ
قەدىمدە ئالتايدا ياشايدىغان ئىنسانلارنىڭ كىشنىنىڭ خېلىلا دىققىتىنى
قوزغىغىدەك دەرىجىدە ئولتۇراق تۇرمۇشلۇق ھايات كەچۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ
بېرىدۇ.
«بىراكسىفال جەڭگىۋار ئاق ئىرق» كىشىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن تەڭرىتېغى
ئەتىراپلىرىغا يېيىلىپ ماكانلاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۈگۈنكى قازاقىستانغا
قاراپ كېڭەيگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
سىبىرىيە ۋە بايقالدىن تېپىلغان نىئولىد(يېڭى تاش قورال) دەۋرى ۋە مەدەن
دەۋىرىگە ئائىت باش سۆڭەكلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار بۇ يەردە موڭغۇلوئىد
ئىنسانلارنىڭ ياشىمىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. جەنۇبى سىبىرىيىدە موڭغۇلوئىد
ئىنسانلار ناھايىتى كېيىنكى چاغلاردا ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇلار يىنسەي
دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە پەيدا بولۇپ، قىدىرقان تاغلىرى تەرەپكە قاراپ
كېڭەيگەندى. موڭغۇلوئىد ئىنسان تۈركۈمى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3000-يىللاردا،
بىراكسىفال- ئاق تەنلىك كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە جەنۇبى سېبىرىيىدە
كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000-يىللاردا بىراكسىفاللارنىڭ
ئۆزىنىڭ ئىرق ساپلىقىنى قوغدىغانلىقى ئانتروپولوگىيلىك تەتقىقاتلاردىن
مەلۇم بولماقتا. يەنە بۇ مەزگىلدە جەنۇبى سىبىرىيەدىكى موڭغۇلوئىد ئىنسان
تۈركۈمىنىڭ ئالتايدىن كەلگەن كىشىلەر تەرىپىدىن قوغلانغانلىقى مەلۇم. بۇ
مەزگىلدە، بىراكسىفال ئىككىنچى بىر ئېتىنىك توپ ئامۇ ۋە سىر دەرياسى
ئارىلىقىدىكى جايلاردا ياشايتتى. ئۇلار پامىر ۋە ئافغانىستاندا ياشايدىغان
ئىنسانلاردىن پەرقلەنسىمۇ، لېكىن ئالتاي ۋە قازاقىستاندىكى بىراكسىفال
ئىنسانلار بىلەن زور دەرىجىدە ئوخشاشلىققا ئىگە ئىدى.
ھونلارنىڭ ئىرقى تىپى توغرىسىدا نۇرغۇن ئالىملار ھەر خىل كۆز قاراشلارنى
ئوتتۇرىغا قويدى. بەزىلەر ئۇلارنى مانا شۇ تۇران-تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ
مىللەت دەپ قارىسا، يەنە بەزى ئالىملار ئۇلارنى موڭغۇل ئىرقىغا مەنسۇپ دەپ
قاراپ كەلدى. يېقىنقى بىر قانچە ئون يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان
ئارخېئولوگىيلىك ماتېرىياللارنىڭ ئىسپاتلىشىغا ئاساسلانغاندا، ھونلارنىڭ
تۇران-تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپلىقىنىڭ مۇمكىنچىلىكى زور بولماقتا①.
بۇ
توغرىسىدا داڭلىق ھۇنشۇناس لىن گەن ئۆزىنىڭ «ھونلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»
دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق كۆرسەتكەن: «ئارخېئولوگىيلىك تەكشۈرۈشلەرگە
ئاساسلانغاندا، چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى نۇيان تېغىدىن تېپىلغان 25-نومۇرلۇق
ھۇن قەبىرىستانلىقىدىن ھۇنلارغا مەنسۇپ بىر پارچە كەچتە سۈرەت تېپىلغان.
سۈرەتتىكى ئادەم چېچى قويۇق، ئارقىسىغا قىلىپ تارالغان، پىشانىسى كەڭ،
كۆزلىرى يوغان، قويۇق بۇرۇتلۇق، چىرايى كېلىشكەن، سۈرلۈك قىياپەتتە بولۇپ،
ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈندۇ. موڭغۇل ئارخېئولوگى س. دورجى بۇ كەشتىدىكى
سۈرەت قەبىرە ئىگىسىنىڭ بولۇپ، بۇ ھۇن كىشىسى ئىدى، دەپ قارايدۇ. دىققەت
قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ كىشىنىڭ رەسىمدە كۆز گەرچە قارا رەڭدە
ئىشلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆز قارچۇغى كۆك رەڭدە ئىشلەنگەن. مانا بۇ
ھونلارنىڭ تۇران-تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا
كۈچلۈك ماددىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى».
«تۈركى خەلقلەرنىڭ قىياپەت ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى كۆك كۆز،
ساقال-بۇرۇتلۇق بولۇشتىن ئىبارەت بولغاچقا، ھۇن قەبىرىسىدىن چىققان ھۇن
ئادىمىنىڭ كەشتە سۈرىتى دەل كۆك كۆز، ساقال-بۇرۇتلۇق قىياپەتتە ئىشلەنگەن.
يەنە بۇ كەشتە سۈرەتتىكى كىشى چىرايى كېلىشكەن، سۈرلۈك، ناھايىتى ھەيۋەتلىك
كۆرۈنۈشتە بولۇپ، بۇ «خەننامە» 68-جىلد «جىن مىتىنىڭ تەرجىمىھالى»دىكى: <
جىن مىتىنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى سەككىز چى، ئىككى سۇڭ بولۇپ، قەددى-قامىتى
كېلىشكەن، ھەيۋەتلىك ئىدى > دېگەن بايانلار بىلەن تامامەن بىردەك. جىن مىتى
ھۇنلاردىن بولۇپ، يەنە بىر ئىسمى ۋىنشۇ ئىدى. ئۇ ئەسلىدە ھۇن شىتۇق خاننىڭ
ۋەلىئەھدى ئىدى.
«جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتى فېڭشى قېدرىپ
تەكشۈرۈش ئەترىتى 1955-1957-يىللاردا، شەنشى ئۆلكىسى چاڭئەن ناھىيىسىنىڭ
فېڭشى دېگەن يېرىدىن ئىككى قەبىرە قازغان. بۇ ھونلارنىڭ قەبىرىسى بولۇپ،
ئۆلگۈچى ئېھتىمال ھونلارنىڭ ئەلچىسى ياكى ئەلچىلەرنىڭ ھەمراھى بولسا كېرەك.
چۈنكى، قەبرىدىن چىققان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھونلارنىڭ نەرسە كېرەكلىرى
ئىدى. قەبردىن تېپىلغان ھەمدەپنە بۇيۇملار ئىچىدىكى ئۇزۇن تۆت چاسا
شەكىللىك مىس تاختاي ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. تاختاينىڭ ئوتتۇرىسىغا
قاڭشارلىق، ئۇزۇن چاچلىق، ئىشتىنىنىڭ ئايىغىنى تۈرۈۋالغان ئىككى كىشىنىڭ
بىر-بىرىنىڭ بەل ۋە پاقالچاقلىرىدىن تۇتۇپ چېلىشىۋاتقان قىياپىتى
چۈشۈرۈلگەن. قاڭشارلىق بولۇش تۈركلەرنىڭ قىياپەت ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى
ئىدى. بۇ ئىككى پارچە مىس تاختاينىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈرۈلگەن ھونلارنىڭ
قاڭشارلىق قىياپەتتە تەسۋىرلىنىشى، ھونلارنىڭ تۇران-تۈرك ئىرقىغا
مەنسۇپلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا ماددىي پاكىتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ».
ئالتاينىڭ ئانا يۇرت مەسىلىسى يازما مەنبەلەر ئاساسىدىكى تەتقىقاتلاردا ۋە
ئارخېئولوگىيلىك قېزىشلاردا تېپىلغان قېزىلمىلاردىن ئىسپاتلانغىنىدەك، بۇ
نۇقتا يەنە تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقاد چۈشەنچىلىرىدىمۇ
ئىسپاتلانماقتا. نۇرغۇن مەدەنىيەت بەلگىلىرىنى ئۆز قوينىدا ساقلىغان
تەبىئىي قورغانلارنىڭ ئالتايدا كۆپلەپ تېپىلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق
ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ فولكلور تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلار ئۆز
ئېتىقادى بويىچە، ئالتاي تېغىنى ناھايىتى ئۇلۇغ بىلىپ، ئۇنى قوغدىغۇچى روھ،
ھەتتا ئۆزلىرىگە تۆرەلگەن ئانا دەپ تونۇيتتى. ئالتاي تېغىنى، ھەتتا
ۋەتەننىڭ سىموۋولى قىلىشقاندى. شۇڭا، شامانىزىم ئېتىقاتىدىكى تۈركىي تىللىق
خەلقلەر ئالتاي تېغىغا چوقۇنۇپ مۇناجاتلار ئوقۇيتتى. شامان دىنىغا ئېتىقاد
قىلدىغانلار ئۆز ئىبادىتىنى ئېگىز تاغلارغا چىقىپ قىلغان. ئالتاي تاغلىرى
ئۇلۇغ تاغ روھلىرىنىڭ توپلانغان يېرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەكتە. شۇڭلاشقا،
ئالتاي شامانىزمدا يەر روھلىرى «يەر-سۇ» ياكى «ئالتاي» دەپ ئاتىلاتتى①.
ئالتاي يەنە شامانىزمنىڭ بۆشۈكى بولغاچقا، ئالتاي مەدەنىيىتى «شامان
مەدەنىيىتى» دەپمۇ ئاتىلدۇ.
«ئالتاي» دېگەن نامنىڭ ئېتمولوگىيسىنىڭ «ئالتۇن» سۆزىگە باغلىنىدىغانلىقى
مەلۇم. مەدەنچىلىك ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەدەنىيەت بەلگىلىرىدىن بىرى
بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخى نىئولىد دەۋرنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىغا يېتىپ بارىدۇ،
شۇنداقلا ئالتۇن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بورۇن تونىغان ۋە ئېرىتكەن مەدەنلىرىدىن
بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مەركەزلىرى
ئىچىدە مەدەن جەھەتتىن ئەڭ باي ۋە مەدەن ئېرىتىش تېخنىكىسى ئەڭ تەرەققىي
قىلغان يەر ئالتاي ۋە بايقال كۆلى ئەتىراپلىرى ئىدى.
ئالتاينىڭ قەدىمكى ۋەسىقىلەردە «ئالتۇن تاغ» دەپ ئاتالغانلىقىدىن ئىبارەت
بۇ پاكىتتىن قارىغاندا، ئالتايدا ئالتۇن قېزش ۋە ئالتۇن ئېرىتىش
تېخنىكىسىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا
بولىدۇ.«ئالتۇن تاغ» دېگەن ئىسىممۇ بۇ يەردە ئالتۇن كۆپ چىققانلىقىغا قاراپ
قۇيۇلغان. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نامىلق
مەشھۇر ئەسىرىدىكى بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە: «بىر كېچىسى زۇلقەرنەيننىڭ
ئالدىن يۈرەر قوشۇنى تۈرك خاقانىنىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىدۇ. بىر
تۈرۈك ئەسكىرى زۇلقەرنەيىننىڭ ئەسكەرلىرىدىن بىرىنى بىر قىلىچ بىلەنلا
كىندىكىگىچە ئىككىگە بۆلىۋەتكەن. ئۆلتۈرۈلگەن ئەسكەر تىللا سېلىنغان
ھەمىياننى بېلىگە ئېسىۋالغان بولۇپ، ئۇمۇ كېسىلىپ، تىللالار قانغا مىلىنىپ
يەرگە تۆكۈلگەن. ئەتىسى تۈرك ئەسكەرلىرى قانغا مىلەنگەن تىللالارنى كۆرۈپ،
بىر-بىرىدىن بۇ نېمە؟ دەپ سوراشقاندا، ئۇلار«ئالتۇن قان» دېيىشكەن. شۇڭا،
مۇشۇ يەردىكى چوڭ بىر تاغ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن
بولغان بۇ تاغنىڭ ئەتىراپىلىرىدا كۆچمەن تۈرك خەلقلىرى ياشايتتى.
بۇ رىۋايەتتە تىلغا ئېلىنغان تاغنى ئالتاي تېغى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
چۈنكى، «تۈركى تىللار دىۋانى»دا سۆزلەنگەن ئۇيغۇر ئېلى ئىدىقۇت ئۇيغۇر
خانلىقىغا قارىتىلغان. ئالتاي ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ شىمالى چېگرىسىنى تەشكىل
قىلغان.
«بۇ تاغنىڭ ئەتراپلىرىدا كۆچمەن تۈرك خەلقلىرى ياشايتى» دېيىلىشىمۇ، تۈركى
تىللىق خەلقلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخىي پائالىيىتى بىلەن بىردەك. بۇ
يەردە ئالىم ئالتاي تېغىنىڭ نامى، جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى، مەدەن بايلىقى
ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشىنى رىۋايەت شەكلى بىلەن ئىپادە قىلىپ بەرگەن.
ئالتاي تېغى «ئورخۇن-يىنسەي مەڭگۈ تاشلىرى»دا: «ئالتۇن يىش» (ئورمانلىق
بىلەن قاپلانغان ئالتۇنتاغ مەنىسىدە) دەپ يېزىلغان. خەنزۇچە كلاسسىك
ئەسەرلەردە مۇشۇ سۆزنىڭ مەنە ۋە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە «金山»،
«金微山»،
«按台山»،
«阿勒台山»
دەپ يېزىلغان. «ئالتاي» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ۋ. ۋ. بارتولد
«ئىسلام ئىنىسىكلۇپىدىيسى»، (تۈركچە، 1-توم، 337-بەت) گە يازغان «ئالتاي»
ماددىسىدا: «ھازىرقى نامنىڭ ئەسلى ئالتۇن مەنىسىنى ئىپادە قىلىدىغان سۆز
بولسا، بۇنىڭغا مۇقابىل پەقەت موڭغۇلچىدىكى
›ئالتان‹
ياكى
›ئالتە‹
سۆزى نەزەر-ئېتىبارىغا ئېلىنىدۇ. چۈنكى، ئالتاي سۆزى موغۇللار دەۋرىدە
ئوتتۇرىغا چىققاندەك قىلىدۇ. بۈگۈنكى تۈركى تىللىق خەلقلەر ئالتاي سۆزىنىڭ
بۇ مەنىسىدىن خەۋەردار ئەمەس. ھەقىقەتەن، بىر ھېكايىدە خەلق ئېتمولوگىيىسى
بۇ سۆزنى «ئالتە ئاي» دېگەن شەكىلدە ئىككى سۆزگە ئايرىپ چۈشەندۈرىدۇ.
ئالتاي
›ئېگىز
تاغ‹
مەنىسىدە جىنس ئىسىم سۈپىتىدىمۇ قوللىنىلدۇ» دەپ يازغان. بارتولد ئالتاي
دېگەن نامنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى تۈركى تىلىدىن ئىزدىگەن. ھەممىگە مەلۇمكى،
ئالتايدا قارا قارىغاي بىلەن قاپلانغان قىيالىق تاغلار ۋە قويۇق
ئورمانلىقلار بار. قەدىمكى ئالتايلىقلار قارا قارىغايلار بىلەن قاپلانغان
قىيالىق تاغنى «تايگا» دەپ ئاتىسا، قويۇق ئورمانلىقنى «يىش» دەپ ئاتىغان.
رادلوف بۇ خىل تىل پاكىتلىرىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئالتاي دېگەن نام ئالتۇن
ۋە تايگا دېگەن سۆزلەردىكى «ئال» ۋە «تاي» دېگەن ئىككى سۆزنىڭ قۇشۇلۇشىدىن
ياسالغان دەپ قارايدۇ. بۇ خىل چۈشەندۈرۈش ئالتاينىڭ «ئورخۇن-يىنسەي مەڭگۈ
تاشلىرى»دىكى «ئالتىن يىش» دېگەن شەكىلگىمۇ ماس كېلىدۇ①.
غەرب مەنبەلىرىدىمۇ، ئالتايدا ئالتۇننىڭ كۆپ چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا بەزى
خاتىرىلەرنى ئۇچىراتقىلى بولىدۇ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يازما ۋە ئارخېئولوگىيلىك پاكىتلارغا ئاساسەن،
ھۇنلارنى تۇران-تۈرك ئىرقىغا تەۋە مىللەت دەپ قاراشقا ھەمدە ئالتاينى
ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ھاياتلىق بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولۇپلا قالماي،
بەلكى يەنە ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن بىرى دەپ ھېسابلاشقا
بولىدۇ.
2.
ھونلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچۈشى
ئالتايدا ياشايدىغان بىراكسىفال ئاق تەنلىك كىشىلەرنىڭ قايسى دەۋردىن
باشلاپ، ئەتىراپقا قاراپ كېڭىيىشكە باشلىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر
مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. ئالىملار ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ
بىرى بولغان بىراكسفال سۇمېرلارنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 5000-يىللاردا ئالتاي
دالاسىدىن يولغا چىقىپ، غەربى ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان، ئۇلارنىڭ ئېتنىك
مەنبەسى تۈرك نەسىللىك ئىدى، دەپ قارايدۇ.
بۇ خىل يەكۈن تىل ۋە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار ئاساسىدا بەلگىلىك دەرىجىدە
ئىسپاتلاندى.
ھونلارنىڭ ئالتايدىن سىرتقا قاراپ كېڭىيىش تارىخىمۇ مەنبەلەردە ئېنىق
ئەمەس. ئېلىمىز مەنبەلىرىدە، ھونلارنىڭ مىلادىيىدىن بىر قانچە مىڭ يىللار
بورۇن بۈگۈنكى ئىچكى-تاشقى موڭغۇلىيە تەۋەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى
خاتىرىلەنگەن. مانا بۇ جايلار قەدىمكى غەرب جۇغراپىيە ئالىملىرىدىن ئورىئوس
ۋە پىتولومىيىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى قىستۇرما خەرىتىدە «ھونلار يېرى» دەپ
كۆرسىتىلگەن. بەزى ھىندى مەنبەلىرىدە، ھونلارنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى
250-يىللاردا كەشمىر ئەتىراپىلىرىدا كۆرۈلگەنلىكى خاتىرىلەنگەن.
زوروئاستېر دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى «ئاۋبىستا»دا ھونلار «ھىيۇن» (hiyun)
ۋە «ھىيائونا» (hyaona)
دەپ يېزىلغان.
ھۇن دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەنىسى توغرىسىدا، ھەر قايسى دۆلەت
ئالىملىرى ئوتتۇرىسىدا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇد. خەنزۇ ۋە بىر قىسىم
ئۇيغۇر ئالىملىرى، ھۇن دېگەن نام ئورخۇن دەرياسىنىڭ نامىدىكى «خۇن» سۆزىدىن
كېلىپ چىققان، دەپ قارايدۇ.
ھۇنگىر ئالىمى گ. نېمېز ھۇن دېگەن نام تۈركىي تىلىدىكى «ئىنسان، خەلق»
دېگەن مەنىدىكى «گۈن» (كۈن) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان، دەيدۇ.
نېمىس ئالىملىرىدىن ئالزىم ھۇن دېگەن نامنى تۈركىي تىلىدىكى «كۈچ-قۇۋۋەت»
دېگەن مەنىدىكى «قۇن» سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ چۈشەندۈرسە، ئۆمەليان
پېرىتساك ھۇن سۆزى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1000-يىللارنىڭ باشلىرىدا «kwan»،
«gun»،
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىرلەردە «kün»
«khun»
دەپ تەلەپپۇز قىلىناتتى، دەيدۇ.
ئورخۇن سېلىنگا دەرياسى بويلىرى بىلەن تۈركى تىللىق مىللەتلەر مۇقەددەس
بىلىدىغان ئۆتۈكەن ۋادىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا خۇاڭخې ۋە ئوردۇسقىچە
كېڭەيگەن ھونلار، مىلادىدىن بۇرۇنقى نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا ئوتتۇرا
تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلەر بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن. بۇ خىل
مۇناسىۋەت بەزىدە نورمال دوستلۇق خاراكتېرىدە داۋاملاشسا، بەزىدە ئۆز-ئارا
ئۇرۇش قىلىش خاراكتېرىدە داۋاملاشقان. شۇ سەۋەبلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىكى
كۈلپەت- ئەلەسلەرگە ئېچىنغان خەنزۇ شائىرلار: «قالدۇق ئۆي-ماكانسىز
ھونلارنىڭ بالاسىدىن، ھەر كۈنى ھوشىيار تۇرمىساڭ يېڭىلىسەن ھۇنلاردىن».
دەپ نەزمە پۈتۈشكەن. مانا بۇ پاكىتلار ئەينى دەۋردە ھونلارنىڭ ئوتتۇرا
تۈزلەڭلىك ئۈچۈن ئېغىر تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ھونلارنىڭ تېخىمۇ قۇدىرەتلىك بىر سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرا ۋە شەرقى
ئاسىيا تارىخ سەھنىسىدە ئۆزىنى كۆرسىتىشى، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردىن
باشلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە جۇ سۇلالىسى زاۋاللىققا
يۈزلىنىپ، ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەر قايسى بەگلىكلەر ئوتتۇرىسىدا ئۈستۈنلۈك،
زوراۋانلىق تالىشىش ئۇرۇشى ئەۋج ئالغانىدى. چىن بەگلىكىنىڭ كۈچىيىپ
كېتىشىدىن ئەنسىرگەن باشقا بەگلىكلەر، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 318-يىلى ھونلار
بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ھونلارنىڭ ئەسكىرىي كۈچى ئارقىلىق چىن بەگلىكىگە
تاقابىل تۇرماقچى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ھونلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى
ھەربىي ھەرىكەتلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان. كېيىن چىن بەگلىكىنىڭ بېگى چىن
شىخۇاڭ ھونلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇش ئۈچۈن، بەزىبىر تەدبىرلەرنىمۇ قوللانغان.
ئالدى بىلەن ئۇ ئىلگىرى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن
ياساتقان سېپىللىرىنى ئاساس قىلىپ ئۇنى غەربكە سۈرۈپ ھونلار ھۇجۇم قىلىپ
كىرىدىغان جايلاردا سېپىل سوقتۇرغان. شۇنداق قىلىپ ھۇنلارغا قارىشى
مۇداپىئە سىستېمىسى سۈپىتىدە مەشھۇر سەددىچىن سېپىلىنى (چىن تېمى دېگەن
مەنىدە) بارلىققا كەلگەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھۇنلارغا قارىشى مانا
مۇشۇنداق كۈچلۈك تۈردىكى مۇداپىئە سىستېمىسى بارلىققا كەلگەن ۋاقىتتا،
ئوتتۇرا ۋە شەرقى ئاسىيا تارىخىدا ئىككى مۇھىم ۋەقە يۈز بەردى. ئۇنىڭ بىرى،
باتۇرنىڭ ھۇن ئېمپىراتورى بولۇشى، يەنە بىرى خەن سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلۇشى
ئىدى.
ھۇن مەركىزىدىكى مەلىكىنىڭ ھىمايىسىدىن پايدىلانغان خەن سۇلالىسى
دىپلوماتلىرى ۋە ئەلچىلىرى ھۇن ئىمپېرىيىسى زېمىندا ئەركىن-ئازادە ئايلىنىپ
يۈرەتتى. ئۇلار ھونلار ۋە ھۇنلارغا تەۋە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھۇنلارغا
قارىشى سۆز-چۆچەك تارقىتىپ، ئاستا-ئاستا ھۇن ئىمپېرىيىسىنى يوقىتىشقا
ئۇرۇناتتى. بۇنىڭدىن باشقا تىجارەت مېلى سۈپىتىدە ئېلىپ كىرىلىپ، ھۇن
ھۆكۈمرانلار تەبىقىلىرى ئارىسىدا يۇقىرى ئېتىبارغا ئېرىشكەن يىپەك رەخت،
ھونلارنىڭ مەنمەنچىلىك تۇيغۇسىنى قوزغاپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ
بوشاڭ-ھۇرۇنلۇقىنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەندى. كۆك تەڭرىقۇت دەۋرىدە ئانچە كۆپ ھېس
قىلىنمىغان بۇ خىل يامان ھادېسە، ئۇنىڭ ئوغىلى كۈن-چىن دەۋرىدە (مىلادىيدىن
بۇرۇنقى 161-126-يىللار) چوڭ كۆڭۈلسىزلىكنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە ئۆزىنى
كۆرسەتتى. يەنە كېلىپ، باتۇر تەڭرىقۇت ۋە كۆك تەڭرىقۇتقا سېلىشتۇرغاندا،
كۈن-چىن تەڭرىقۇت ئىقتىدار جەھەتتىن ئاجىزراق بولغاچقا، ھونلارنىڭ
كۈچ-قۇدرىتىدە بەزى مەسىللەرنىڭ كۆرۈلۈشى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى.
ۋۇدى خەن سۇلالىسىدە تەخىتكە چىققان مەزگىلدە (مىلادىيدىن بۇرۇنقى
141-89-يىللار)، خەن سۇلالىسى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، نەزىرنى
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىلىنمىگەن رايونلارغا ۋە مىللەتلەرگە يۆتكىدى.
خەن سۇلالىسى ئۆزىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن، تاشقى
مەسىلىنى قولغا ئېلىپ، ھەممىدىن ئاۋۋال ھونلارنىڭ تەھدىتىنى يوقىتىشقا
قەدەم قويدى. ۋۇدى ئالدى بىلەن نۇرغۇن كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەپ،
تەدبىر-چارىلەرنى تۈزۈپ، تەشۋىقاتنى كۈچەيتتى. ئۇنىڭ مەقسەت-غايىلىرىدىن
بىرى، خەن سۇلالىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ كىرىم مەنبەسى بولغان يىپەك رەخىتكە غەرب
تەرەپتىكى رايونلاردا يېڭى بازار ئېچىپ، ئىچكى ئاسىيانى كېسىپ ئۆتۈپ،
ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىغا قەدەر سوزۇلۇپ بارىدىغان يىپەك يولىنىڭ
كونتىروللۇق ھوقۇقىنى قولغا ئېلىش ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ۋە غەربى
ئاسىيادىكى يات مىللەتلەرنىڭ توسالغۇسىنى يوقىتىشقا توغرا كېلەتتى.
مەلۇم بولغىنىدەك، تەخمىنەن مىلادىيە 1000-يىللارنىڭ ئاخىرىغا قەدەر
داۋاملاشقان، ھۇن-خەن ئۇرۇشى، تۈرك-تاڭ ئۇرۇشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىدىن
بىرى، مۇشۇ كارۋان يولىنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەسىلىسىنى تالىشىشى ئىدى. ۋۇدىنىڭ
يىپەك يولى ئۈستىدىكى مىللەتلەر ۋە مەملىكەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋە
ئۇلار بىلەن ھۇنلارغا قارىشى ئىتتىپاق تۈزۈش مەقسىتىدە غەربكە ئەۋەتكەن
ئەلچىسى جاڭ چىيەن، يېرىم يولدا ھونلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئون يىل
نازارەت ئاستىدا تۇتۇلغان. شۇنداق بولغىنىغا قارىماي، جاڭ چىيەننىڭ بۇ
تەرەپلەردە تۇرغان ۋاقىتتا ئېرىشكەن مەلۇماتلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ يۇقىرىغا
سۇنغان تەكلىپلىرى ۋۇدىنى چەكسىز شاتلاندۇرغان. بۇ دوكلات كېيىنكى
چاغلاردىكى سۇلالىلەرنىڭ غەربىي يۇرت سىياسىتى ئۈچۈن كۆرسەتمىگە ئايلانغان.
ۋۇدى دەۋرىدە خەن سۇلالىسى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئۇتۇققا ئېرىشتى. ئۇ
بولسىمۇ خەن سۇلالىسى ئۆز قوشۇنىنى ھۇن ئۇسلۇبىدا تەشكىللەپ، ھۇن قوراللىرى
بىلەن قوراللاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 318-يىلىدىكى
ئىتتىپاق تۈزۈش كېلىشىمىگە قاتنىشىپ، ھونلارنىڭ ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشكەن
جاۋ بەگلىكى دەۋرىدە باشلىنىپ، كېيىن شىمالىىي جۇڭگودىكى فېئودال
بەگلىكلەرنى يوقىتىپ، چىن سۇلالىسىنى بەرپا قىلغان چىن شىخۇاڭ دەۋرىدە تىز
سۈرئەتتە داۋاملاشتۇرۇلغان بۇ ھەربىي ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى، خەن
سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ۋۇدى دەۋرىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ قوماندانلىرىدىن ۋەي
چىڭ بىلەن خۇ چۈبىڭ تەرىپىدىن زور ئۇتۇققا ئېرىشتۈرۈلدى.
ئۇلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 127-يىلى ۋە 115-يىللاردا ئوردۇستا ھونلار
ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى، ھونلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت رايونىنىڭ غوبى
(گۇبى) دىن شىمالغا، ئورخۇن دەرياسى بويلىرىغا سۈرلۈشكە سەۋەب بولدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ھونلار بۇرۇنقى قۇدرەتلىك ھالىتىگە قايتىپ كېلەلمىدى. خەن
سۇلالىسى ئوردىسىنى قاپلىغان «ھۇن قوشۇنى يېڭىلمەستۇر» دېگەن قاراشمۇ
ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى.
ھۇنلارغا قۇلقۇ تەڭرىقۇت بولغاندىن باشلاپ، (مىلادىيدىن بۇرۇنقى
101-96-يىللار) 40 يىل داۋامىدا غەربىي جەنۇب تەرەپتىكى مۇنبەت ۋە باي
تۇپراقلار (جۇڭغارىيە، تەڭرىتېغى ئېتەكلىرى، تۇرپان، كۇچار، قەشقەر، يەكەن،
خوتەن قاتارلىق جايلار) خەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەچكە ھونلارنىڭ
دۆلەت مالىيىسى ئازلاپ كەتتى. يەنە كېلىپ شۇ ۋاقىتقا قەدەر خەن سۇلالىسى
تەرىپىدىن ھەدىيە ۋە خىراج سۈپىتىدە يوللىنىپ تۇرغان مالىيە كۈچلىرىمۇ
ئۈزۈپ تاشلاندى. خەن سۇلالىسى تەشۋىقاتىنىڭ ئۆزىنى كۆرىسىتىشى نەتىجىسىدە،
ئىچكى زىددىيەتمۇ بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئۇرۇش پارتىلاش دەرىجىسىگە بېرىپ
يەتتى، ئىقتىسادى جەھەتتىكى قىسلىق ۋە ھەربىي كۈچ جەھەتتىكى ئاجىزلىق
تۈپەيلى، قوغشار تەڭرىقۇت ماددىي ياردەمگە ئېرىشىش مەقسىتىدە خەن
سۇلالىسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا ئۆتتى.
بۇ ۋەقە تۈپەيلى ھونلارنىڭ ۋەزىيتى مۇرەككەپلىشىپلا قالماي، بەلكى يەنە
ھونلار شىمالىي ۋە جەنۇبىي ھونلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.
قوغشار تەڭرىقۇت ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدە، ئۆز ئىنىسى سول قول بىلگە خان
چېچى تەڭرىقۇت تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، مىلادىيدىن بۇرۇنقى52-يىلى خەن
سۇلالىسىگە بېقىندى. خەن سۇلالىسى پادىشاھى ئۇنىڭغا جاۋجۈن مەلىكىنى ياتلىق
قىلىپ، ئۇنىڭ ھۇن ئىمپېرىيىسىدىكى ئەڭ چوڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە
ياردەم قىلدى. خەن سۇلالىسى بۇ يول ئارقىلىق ھۇنلارنى ئۆزىنىڭ قولى بىلەن
يوقاتماقچى بولدى. چېچى تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىنىڭ قوغشار تەڭرىقۇتنى
قوللىغانلىقىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۋەتتى. لېكىن،
خەن سۇلالىسى بىلەن قوغىشار تەڭرىقۇتنىڭ بىرلەشمە كۈچى ئالدىدا نسبەتەن
ئاجىزراق ئورۇندا تۇرغان چېچى تەڭرىقۇت، شىمالىي ھۇنلارنى باشلاپ يەتتە
سۇدىكى تالاسقا كۆچۈپ كەلدى. ئۇ، سەمەرقەند خانلىقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ،
ئوتتۇرا ئاسىيادا قايتىدىن ئۆزىنىڭ سىياسىي قۇدرىتىنى تىكلىدى. چېچى
تەڭرىقۇت مىلادىيدىن بۇرۇنقى 43-يىلى، تالاس دەرياسى بويىدا ئەتراپى سېپىل
بىلەن قورشالغان پايتەخىتنى سالدۇردى. ئەمما، چېچى تەڭرىقۇتنىڭ بۇ يەردىكى
ھۆكۈمرانلىقىمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 36-يىلى خەن سۇلالىسى
قوماندانى چېن تاڭ 70مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش
قىلىپ، سەمەرقەندتە چېچى تەڭرىقۇت بىلەن قاتتىق سوقۇشتى. ئۇرۇشتا چېچى
تەڭرىقۇت، شاھزادىلەر، خانىشلار ۋە دۆلەت ئەمەلدارلىرى بولۇپ، 1518 كىشى
ھاياتىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن، چېچى تەڭرىقۇتنىڭ تالاس دەرياسى بويىدىكى
ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى.
قوغشار تەڭرىقۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ خەن سۇلالىسى يۈرگۈزگەن
ھۆكۈمرانلىقى 70 يىل داۋاملاشتى. غۇتۇئارشى تاۋغانوتى تەڭرىقۇت دەۋرىگە
كەلگەندە، (مىلادىيە 18-46-يىللار)، ھونلار خەن سۇلالىسىگە بولغان
بېقىندىلىقنى بىكار قىلىپ، شەرقتە مانجۇرىيدىن، غەربتە قەشقەرگىچە بولغان
جايلارنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈردى. غۇتۇئارشى تاۋغانوتى تەڭرىقۇت
ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھونلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا يەنە نىزا كۆتۈرۈلدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، قۇرغاقچىلىق ۋە چېكەتكە ئاپىتى يۈز بېرىپ، سانسىزلىغان
چارۋا-ماللار ئۆلۈپ كەتتى. مانا شۇنداق ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي ئاپەتلەر
سەۋەبىدىن، مىلادى 48-يىلى، ھونلار قايتىدىن شىمالىي ۋە جەنۇبىي ھونلار دەپ
ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.
ھونلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن، جەنۇبى ھونلار ئورخۇن دەرياسى
بويلىرىدىن ئايرىلىپ، بۈگۈنكى ئىچكى موڭغۇلىيىدىكى شۇفاڭ، يۈنجۇڭ ۋە ۋۇيەن
قاتارلىق رايونلارغا كۆچۈپ كېلىپ، خەن سۇلالىسى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ،
شىمالىي ھۇنلارغا قارىشى كۈچكە ئايلاندى. بۇ مەزگىلدە ھۇنلارغا قاراشلىق
موڭغۇل-تۇڭگۇس قوۋملىرىدىن سىيانپىي (سىبىر) ۋە ئوغانلارمۇ خەن سۇلالىسىنىڭ
ماسلىشىشى بىلەن ئىسيان كۆتۈرۈپ، شىمالىي ھۇنلارغا قارىشى ھۇجۇمغا ئۆتتى.
جەنۇبىي ھۇنلارمۇ خەن سۇلالىسىگە ياردەملىشىپ، شىمالىي ھۇنلارغا قارىشى
ھۇجۇمغا ئاتلاندى. مىلادىيە 89-يىلى، شىمالىي ھونلار ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرى
تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن شىمالىي ھونلارنىڭ زور
كۆپچىلىكى غەربكە قاراپ كۆچتى. بىر قىسمى ئورخۇن دەرياسى بويىدا تۇرۇپ
قالدى.
ئۇلار كېيىن سىيانپىيلارغا قوشۇلۇپ كەتتى. غەربكە قاراپ كۆچكەن شىمالىي
ھونلار چېچى تەڭرىقۇت دەۋرىدە، يەتتە سۇ رايونىغا كېلىپ ماكانلىشىپ قالغان
ھۇنلارغا قوشۇلۇپ، ھازىرقى قازاقىستان تەۋەسىدە غەربىي ھۇن ئىمپېرىيىسىنى
تەشكىل قىلدى. بۇ دۆلەتنىڭ بايرىقى بولسا، ئاچ سېرىق رەڭلىك تۆت چاسا يىپەك
بايراق ئىدى. مانا شۇ شىمالىي ھونلار مىلادىيە 2-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى
يېرىمىدا ياۋروپادا كۆرۈلۈشكە باشلىدى. لېكىن، ھونلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە
ياۋروپاغا كۆچۈشى مىلادىيە 4-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يۈز بەردى. مانا بۇ
ھونلار تارىختا ياۋروپا ھۇنلىرى، دەپ ئاتىلدۇ.
جەنۇبقا كۆچكەن جەنۇبىي ھونلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بولسا گاھىدا خەن سۇلالسىگە
قارام بولۇپ، گاھىدا مۇستەقىل ھالدا داۋاملىشىپ، مىلادىيە 188-يىلىغا
كەلگەندە خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 209-يىلى
قۇرۇلغان ھۇن ئىمپېرىيىسى يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاغدۇرۇلۇپ
كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ جەنۇبىي ھونلارنىڭ تامامەن يوقالغانلىقىنىڭ
بەلگىسى ئەمەس ئىدى. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە خەن سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن
كېيىنمۇ، ھونلار يەنىلا مۇھىم بىر كۈچ سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىپ
كەلدى. مىلادىيە 4-5-ئەسىرلەردە مانا شۇ ھونلار ئېلىمىز تارىخىدا كېيىنكى
خەن (مىلادىيە 304-329-يىللار)، ئالدىنقى جاۋ (مىلادىيە 328-352-يىللار)،
كېيىنكى شىيا (مىلادىيە 407-431-يىللار)، شىمالىي لىياڭ (مىلادىيە
401-439-يىللار) قاتارلىق پادىشاھلىقلارنى قۇردى. شىمالىي لىياڭ سۇلالىسى
مىلادىيە 439-يىلى تابغاچلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەتنى
قۇرغان ھونلار ھازىرقى شەرقىي شىنجاڭغا كۆچۈپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ
ھۆكۈمرانلىقىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ دۆلەت تارىختا «لوپنۇر
خانلىقى» (مىلادىيە 442-460-يىللار) دەپ ئاتالدى. بۇ ھونلار كېيىن ئوتتۇرا
ئاسىيادا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان تۈركلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم
ئېتنىك مەنبەگە ئايلىنىپ قالدى. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھونلار بولسا كېيىن
خەنزۇلارغا قوشۇلۇپ كەتتى.
بۇ
يەردە ئىككى مەسىلنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. بىرى، غەربنىڭ قەدىمكى
جۇغراپىيە ۋە تارىخى ئەسەرلەردە قارا دېڭىزنىڭ شەرقىدىن تارتىپ، تاكى
جۇڭگونىڭ شىمالىغىچە بولغان جايلار «سىكتىيە» دەپ ئاتالغان بولسا، بۇ جايدا
ياشىغان ھەر قايسى كۆچمەن ۋە ئولتۇراق مىللەتلەر قايسى تىل سىستېمىسىدا
سۆزلىشىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار بىردەك ھالدا «سىكتىلەر» (سېكىفلەر دەپمۇ
ئاتىلدۇ) دەپ ئاتالغاندى. شەرقتىن كۆچۈپ كەلگەن ھۇنلارمۇ قەدىمكى غەرب
ئاپتورلىرى تەرىپىدىن مۇشۇنداق نامدا ئاتىلىشتىن خالىي بولالمىدى. شەرقىي
رىم ئاپتورلىرى ھۇنلارنى ھېرودوت تىلغا ئالغان قەدىمكى شەرق مىللەتلىرى
بىلەن بىر دەپ قارىغان. تودۇرېتۇس ۋە پىرىسكوس قاتارلىقلار ھۇنلارنى
«سىكىت» دەپ يازغان. زوسموس بولسا ھۇنلارنى «كىرال سىكىتلىرى» دەپ يازغان.
بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ھۇنلارنى ئاتاشتا ھېرودوت تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن
سىگۇنناي دېگەن نامنىمۇ ئىشلەتكەندى. پىروكوپئوس ھۇنلارنى «كىممىروي» ۋە
«ماسساگىت» دەپ ئاتىغاندى. يەنە بىر مەسىلە شۇكى، ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ كېلىپ
چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا غەرب دۇنياسىدا 18-ئەسىردىلا
تەتقىقاتلار باشلانغان. لېكىن، غەرب ئىلىم ساھەسىدە ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ
ئاسىيادىن كۆچكەن ھونلار ئىكەنلىكى ئالىملار تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ
قىلىنغانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا، ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى
ھەققىدە تۈرلۈك كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان. ئېلىپ ئېيتساق ژ.
دېگۇيگەنىس، ژ. كىلاپروت، ك. پ نئومانن، ئا. تىرىي، ۋ. ۋ رادلوف، پ.
پېلىئوت، ھى. شىراتورى، ئو. فىرانكى، ر. گىروسېت قاتارلىقلار ياۋروپا
ھۇنلىرىنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا فىن، فىن-ئۇغۇر، ئۇيغۇر،
موڭغۇل، تۈرك- موڭغۇل ئارىلاشمىسى، تۈرك-موڭغۇل-مانجۇ ئارىلاشمىسى دەپ
قارىغان. ۋېنلىن، ئىلىۋايسىكى، زىبىلىن، قاتارلىقلار ھۇنلارنى سلاۋيان
مىللىتىگە باغلىغان. موللېنخوف، ئا. فىخ، ر. مۇخ، ژ. خۇپىن قاتارلىقلار
ھۇنلارنى گېرمان مىللىتىدىن كېلىپ چىققان، دەپ قارىغان بولسا، ل. زىلىچ،
قاتارلىقلار ھۇنلارنى كاۋكاز قوۋمىگە باغلىغان. ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ كېلىپ
چىقىشى توغرىسىدا بۇنداق كۆپ خىل تالاش-تارتىشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى
سەۋەب، ياۋروپا ھۇن ئىمپېرىيىسىنى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر تەشكىل قىلغاندى.
ئىمپېرىيە ئىچىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى مىللەت ھونلار بولسىمۇ، لېكىن
ئىمپېرىيە ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى تەشكىل قىلغان كۈچلەر ئىچىدە ھەر ۋاقىت
گوتلار، گىپىدلەر، ۋانداللار، سىكلوۋىنلار، ئانتىلار، چەرەمىشلەر ۋە
موردېۋىنلەر قاتارلىق سلاۋيان، گېرمان، ۋە فىن-ئۇغۇر خەلقلىرىنىڭ بولۇشى،
يەنە شۇنداقلا ئالانلار ۋە سارماتلار قاتارلىق ئىران نەسىللىك خەلقنىڭ
بولۇشى، يۇقىرىقىدەك كۆپ خىل تالاش-تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.
3.
ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيسىنىڭ قۇرۇلۇشى
مىلادىيە 350-يىلى ھونلار ھازىرقى قازاقىستان
دالىسىدىن ھەيۋەت بىلەن كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. بۇ
مەزگىلدە كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا ئالان
دۆلىتى بار ئىدى. لاتىن تارىخچىسى ماركىللىننوسنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا،
ھونلار مىلادىيە 355-يىلى ئالانلارنىڭ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇلارنى
غەربكە كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان. مىلادىيە 360-370-يىللار ئارىسىدا ھونلار
ئاناتولىيىدىكى ئۇفراغا قەدەر يۈرۈش قىلىپ بارغان. بۇ ۋەقەدىن كېيىن،
ھونلار كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىدىن غەربكە قاراپ يۈرۈش قىلغان. ھونلارنىڭ بۇ
قېتىمقى يۈرۈش قىلىشى ناھايىتى ھەيۋەتلىك ۋە قورقۇنچلۇق بولغاچقا، بۇ
ھەرىكەت شۇ جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بەزى مەنبەلەردە ھونلار ياۋروپاغا قاراپ كۆچكەندە، ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر
بۇغىنىڭ يول باشلاپ ماڭغانلىقى سۆزلىنىدۇ.
يەنە بەزى رىۋايەتلەردە ھونلار مائۇتىس دەرياسىدىن بىر بۇغىنىڭ ياردىمىدە
كېسىپ ئۆتكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.
مىلادىيە 374-يىلى كۈچلۈك ئاتلىق قوشۇنغا ئىگە ھونلار قارا دېڭىزنىڭ
شىمالىغا بېسىپ كەلگەن. لاتىن تارىخچىسى جوردانىسنىڭ مەلۇماتىغا
ئاساسلانغاندا، بۇ چاغدىكى ھونلارنىڭ داھىيسى بالامبەر (بەزىلەر بالامىر
دەپمۇ يازىدۇ. بالامبەر باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ 15-نەۋرىسى، چېچى تەڭرىقۇتنىڭ 9-
نەۋرىسى ئىدى) دېگەن كىشى ئىدى.
تارىخ سەھنىسىگە مىلادىيە 372-يىلى چىققان بالامبەر ھاكىمىيەت ئىدارە قىلىش
جەھەتتە يېتىشكەن سىياسىيون، ھەربىي تاكتىكا سەنئىتى جەھەتتە جەسۇر ۋە
ماھىر قوماندان ئىدى. بالامبەر ئالدى بىلەن بۇ ئەتراپتىكى سارمات ۋە سىكىت
قوۋمىلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى تولۇقلىغان.
ئۇنىڭدىن كېيىن، بالامبەر شەرقىي گوتلار ئۈستىگە يۈرۈش قىلغان. بۇ چاغدا
قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى جايلار گېرمان نەسىللىك گوتلارنىڭ ئىشغالىيتى
ئاستدا بولۇپ، دون-دىنپىر دەرياسى ئارىلىقىدىكى جايلاردا شەرقى گوتلار
(ئوستگوتلار)، ئۇنىڭ غەربىدىكى جايلاردا بولسا غەربىي گوتلار (ۋېستىگوتلار)
ياشايتى. غەربىي گوتلارنىڭ غەربىدىكى ترانسىلۋانىيە ۋە گالچىيىيىدە
گىپىدلار، بۈگۈنكى ھۇنگرىيىدە ۋانداللار ياشايتتى. بۇ تۆت گېرمان قوۋمىدىن
باشقا، يەنە بۇ ئەتراپتا ئىران ۋە سلاۋيان خەلقلىرىمۇ بار ئىدى.
بالامبەر شەرقىي گوتلارنى مەغلۇپ قىلىشتا بىر تەرەپتىن تۇيۇقسىز ھەم
شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللانغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن
ھونلارنىڭ دەھشەتلىك ھەيۋىسىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى روھى
جەھەتتىنمۇ ئاجىزلاشتۇرغان. شەرقىي گوتلارنىڭ پادىشاھى ئەرمانارىك ھونلار
بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان. ئەرمانارىكنىڭ
تەخىتكە ۋارىسلىق قىلىدىغان ئوغلى بولمىغاچقا، گوتلار خانلىقىنىڭ باشقا بىر
جەمەتىدىن بولغان ۋىتخىمىرنى ئۆزىگە خان قىلىپ تىكلىگەن. ۋىتخىمىر تەخىتكە
چىققاندىن كېيىن شەرقىي گوتلارنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
ئۈچۈن، قوشنا مىللەتلەر ئۈستىگە يۈرۈش قىلماقچى بولغان. شەرقىي گوتلارنىڭ
قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىنى خالىمىغان تاكتىكىلىق بالامبەر شەرقىي گوتلارنىڭ
ئارىسىغا ئىتتىپاقسىزلىق ئۇرۇقىنى چېچىپ، ۋىتخىمىرگە قارىشى كۈچلەر بىلەن
ئىتتىپاق تۈزگەن. شۇ ئارقىلىق ۋىتخىمىرنىڭ ئۆز مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا
پۇرسەت بەرمىگەن. مىلادىيە 375 - يىلى ۋىتخىمىر نامەلۇم بىر كىشى تەرىپىدىن
ئېتىلغان ئوقتا ئۆلگەن. شۇنىڭ بىلەن، ۋىتخىمىرنىڭ قىسقىغىنا ھۆكۈمرانلىقى
ئاخىرلاشقان. ۋىتخىمىرنىڭ تەرەپدارلىرى ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇققاندىن
كېيىن، ھونلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش نىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، دىنىستىر دەرياسىنىڭ
غەربىدىكى غەربىي گوتلار ئىچىگە قېچىپ بارغان. شەرقىي گوتلارنىڭ كۆپچىلىكى
بولسا، ئەسلى جايلىرىدا قېلىپ، ھۇنلارغا بويسۇنغان①.
ھونلار شەرقىي گوتلارنى تارمار قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارغا ھۇنىمۇد دېگەن
كىشىنى خان قىلىپ سايلىغان. شۇنىڭ بىلەن، جەنۇبىي رۇسىيە دالىسى ھونلارنىڭ
ئىلكىگە ئۆتكەن. ھونلار بۇ جاينى بازا قىلىپ تۇرۇپ ئەتراپقا قاراپ
كېڭەيگەن.
شەرقىي گوتلارنىڭ ھونلار تەرىپىدىن تارمار قىلىنغانلىق خەۋىرى غەربىي
گوتلار ئىچىگە يېتىپ بېرىشى بىلەنلا، ئۇلار قورقۇپ قاتتىق ساراسىمىگە
چۈشكەن. ھونلارنىڭ ئەمدى ھۇجۇم نىشانىنى ئۆزلىرىگە قاراتقانلىقىنى ھېس
قىلىپ يەتكەن غەربىي گوتلار، دىنىستىر دەرياسىنىڭ غەربىي تەرپىگە مۇستەھكەم
قورغانلارنى سېلىپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ھونلارنىڭ دەريادىن
ئۆتىشىنى توسىماقچى بولغان. غەربىي گوتلارنىڭ پۇختا تەييارلىقىنى كۆرگەن
بالامبەر ئايلانما ئۇرۇش قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، غەربىي گوتلار
مۇداپىئەسىز قالدۇرغان دىنىستىر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن ئايدىڭ كېچىدە
كېسىپ ئۆتۈپ، غەربىي گوتلارنىڭ ئۈستىگە يان تەرەپتىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم
قوزغىغان. ئۇرۇشتا غەربىي گوتلار قاتتىق مەغلۇپ بولغان. پادىشاھ ئاتخانارىك
مەغلۇپ بولغان غەربىي گوتلارنى باشلاپ، رىم ئىمپېرىيىسىگە قاراپ قاچقان. بۇ
قېتىمقى ئۇرۇشتا ھونلار ناھايىتى كۆپ ئولجىغا ئېرىشكەن. غەربىي گوتلار
مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دىنىستىر دەرياسى بىلەن ئىسپانىيە ئارىلىقىدىكى
جايلاردا ياشايدىغان ھەر قايسى مىللەتلەر ھونلارنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ،
ئارقا-ئارقىدىن رىم ئىمپېرىيىسىگە قېچىپ كىرگەن. مانا بۇ تارىختا ناھايىتى
زور سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان مىللەتلەر چوڭ كۆچۈش
ھەرىكىتى ئىدى.
شۇنداق قىلىپ گوتلار پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بالامبەر مىلادىيە
375-يىلى زېمىنى ئېتىل (ۋولگا) دەرياسىدىن، دوناي دەرياسىغىچە سوزۇلغان
ياۋروپا ھۇن ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. بۇ ئېمپىرىيىنىڭ پايتەختى دوناي
دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىن بويىدا ئىدى. بۇ جاي ھەر قايسى تەرەپلەرگە
بارىدىغان يوللارنى ۋە ھۇنلارغا تەۋە مىللەتلەرنى كونترول قىلىپ تۇرۇشتا
مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە جاي ھېسابلىناتتى.
4.
شەرقىي ۋە غەربىي سەپتىكى يۈرۈش
مىلادىيە 375-يىلى بالامبەر ياۋروپا ھۇن ئىمپېرىيىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، ئۇ
ھۇنلارغا بېقىنغان گوتلار، ئالانلار ۋە تەيفاللاردىن ياردەمچى قىسىم تەشكىل
قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ھونلارنىڭ ئەسكىرىي كۈچى تېخىمۇ زورىيىپ، ياۋروپادىكى
ھەيۋىسى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بارغان ۋە ياۋروپا ئۈچۈن قورقۇنچىلىق كۈچكە
ئايلانغان.
مىلادىيە 378 - يىلى ھۇن قوشۇنى دوناي دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، رىم
ئېمپىرىيسىنىڭ ھېچقانداق قارشىلىقىغا ئۇچىرىماستىن (ئەمەلىيەتتە رىم
ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۇنلارغا قارىشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان)، ھۇنگىرىيە
تۈزلەڭلىكىگىچە ئىلگىرىلەپ بارغان. ئەمما، ھونلارنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە
ھېچقانداق بىر ئىشغالىيەت مەقسىتى يوق ئىدى. ئۇلار پەقەت يېڭى زېمىن ۋە ئۇ
يەردە ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىشنى مەقسەت قىلغانىدى.
شۇڭا، ئۇلار بۇ قېتىمقى يۈرۈشنى تىزلا ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتقان. ئەسلىدە
ھونلار ئۆزى ئىگىلىمەكچى بولغان جايلارنى ئالدىن كۆزىتىپ تەتقىق قىلاتتى.
بۇ خىل ماھىيەتتىكى يۈرۈشلەرنىڭ بەزىلىرى، ھەتتا بىر قانچە يىل
داۋاملىشاتتى. بۇ ھونلارنىڭ ھەربىي ئىشلار سەنئىتىدىكى بىر تاكتىكا ئىدى.
ھۇنلاردىن قاتتىق چۆچۈگەن ماركومانلار ۋە كوئادلار (ئۇلار ئاۋىستىرىيىدە
ياشايتتى) مىلادىيە 381-يىلى رىم ئىمپېرىيىسىگە قېچىپ بېرىشقا
تەييارلىنىۋاتقاندا، سارماتلار ۋە گوتلارمۇ چېگرىدىن ئۆتۈپ رىم
ئىمپېرىيىسىگە قېچىپ كىرگەن. بۇ ۋاقىتتا بەزى گېرمان ۋە ئىران نەسىللىك
خەلقلەرمۇ غەربىي ھۇنگىرىيىدىن يولغا چىقىپ، ئالىپ تاغلىرىدىن ئۆتۈپ
ئىتالىيىگە تەھدىت سالغان. ھۇنلارمۇ مىلادىيە 381-يىلىدىن باشلاپ، رىم
ئىمپېرىيىسىنىڭ چېگرا بويلىرىدىكى ئۆلكىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان.
ھونلار ئەينى ۋاقىتتا كۈچلۈك دۆلەت ھېسابلانغان رىم ئىمپېرىيىسىگە قارىتا
كەڭ كۆلەملىك تېگىش قىلمىغان، ئەمما رىم ئىمپېرىيىسىگە قارىتا ناھايىتى
ئەتراپلىق تەييارلىق كۆرگەن. مىلادىيە 391-يىلى ھونلار تىسسا دەرياسى
بويىدىكى سارماتلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. شۇ يىلى يەنە چېخىيە تەۋەسىدىكى
مىللەتلەر بىلەنمۇ ئىتتىپاق تۈزۈپ، رىم ئېمپىرىيسىگە قارشى كۈچلەرنى
ئۇلغايتقان.
مىلادىيە 395
-
يىلى رىم ئېمپىراتورى تىئودو سىئوس ئالەمدىن ئۆتىشى بىلەن تەڭلا ئىچكى نىزا
يۈز بېرىپ، بىر پۈتۈن رىم ئىمپېرىيىسى شەرقىي ۋە غەربىي رىم ئېمپىرىيسى
دەپ، ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى كونىستانتېنىپول
(ئىستانبول) نى پايتەخت قىلغان. غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى يەنىلا رىم
شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. بىر پۈتۈن رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ
كېتىشى، ئۇنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلىتىۋەتكەنىدى. بۇ ئەھۋال
ھونلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان. شۇڭا، ھونلار مىلادىيە395-يىلى ئىككى سەپ
بويىچە رىم ئېمپىرىيىسگە يۈرۈش قىلغان. شەرقىي سەپتىكى يۈرۈشكە باسىق بىلەن
قۇرسىق قوماندانلىق قىلغان. بۇ سەپتىكى ھۇن قوشۇنلىرى قارا دېڭىزنىڭ
شىمالىدىن ئاتلىنىپ، داريال دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، فىرات دەرياسىنى
بويلاپ، ئالدىغا ئۇچرىغان ھەر قانداق قارىشى كۈچنى تارمار قىلىپ،
ئاناتولىيىدىكى ئەرزىروم، مالاتىيا، ئادانا، ئوفرا، ئانتاكيا، ئەنقەرە ۋە
قەيسەرى ئەتراپلىرىغىچە يۈرۈش قىلىپ بارغان. ئۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيىدىكى سۇر
ۋە قۇددۇس شېرىپ شەھەرلىرىگىمۇ ئىلگىرىلەپ بېرىپ، ئەزەربەيجان ئارقىلىق
قايتقان. بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە ھونلار نۇرغۇن ئولجىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە
18مىڭ ئادەمنى ئەسىر ئېلىپ يانغان. قايتىش جەريانىدا ھونلار ئىرانغىمۇ
تېگىش قىلغاندا، كۈتۈلمىگەن يەردە ھونلار مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ئولجا ۋە
ئەسىرلەرنى ئىرانلىقلارغا تارتقۇزۇپ قويغان.
شەرقىي سەپتىكى يۈرۈش ناھايىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغاچقا،
شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن ئىران ساسانىيلار سۇلالىسى بۇنىڭدىن ئىنتايىن
چۆچىگەنىدى. شۇڭا، ئەينى ۋاقىتتا ھونلارنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى توغرىسىدا
كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەر تارقالغان.
تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىلدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەردىن ھەر
كۈنى بىرى پەيدا بولۇپ تۇرغان. بۇ قېتىمقى يۈرۈش ھونلارنىڭ ئاناتولىيىگە
قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرى ئىدى. مىلادىيە 398-يىلى ھونلار
ئاناتولىيىگە ئۈچىنچى قېتىم يۈرۈش قىلغان. بۇ قېتىممۇ شەرقىي رىمنىڭ ياش
ئېمپىراتورى ئاركادى ھۇنلارغا قارىتا ھېچقانداق بىر جىددىي چارە-تەدبىر
يۈرگۈزەلمىگەن. ھونلار بۇ يۈرۈشتە نۇرغۇن ئولجىنى غەنىيمەت ئالغان.
غەربىي سەپتە بولسا ھۇن قوشۇنى تىراكياغىچە يۈرۈش قىلىپ بارغان. لېكىن، بۇ
سەپتىكى يۈرۈشكە قاتناشقان ھۇن قوشۇنى سان جەھەتتىن ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى.
بۇنىڭ ۋاقتى مىلادىيە 400-يىلى ئىدى. بۇ چاغدا بالامبەر ئالەمدىن ئۆتۈپ،
ئورنىغا ئوغلى (بەزى مەنبەلەردە نەۋرىسى دېيىلدۇ) يىلدىز (ئۇلدىز-يۇلتۇز)
ھۇن تەختىگە چىققان ۋاقىت ئىدى. يىلدىز قوماندانلىق قىلغان غەربىي سەپتىكى
بۇ ھۇن قوشۇنىنىڭ دوناي دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدە پەيدا بولىشى، شەرقىي
ياۋروپادا مىللەتلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ كۆچۈش دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ
چىقارغان. بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە ھۇنلاردىن قورقۇپ قاچقان ۋانداللار بىلەن
غەربىي گوتلار يەنە بىر قېتىم غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىگە قېچىپ كىرگەن.
ئەمما، ئالارىك غەربىي گوتلارغا رەھبەرلىك قىلىپ مىلادىيە 401-يىلى رىم
شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ، بۇ شەھەرنى ئۈچ كېچە-كۈندۈز بۇلاپ-تالىغان.
گوتلارنىڭ بۇ تەھدىتى ئاتاقلىق رىم قوماندانى سىلىكخۇ تەرىپىدىن
باستۇرۇلغان. ئەگەر، سىلىكخۇ بۇ بۇلاڭچىلىقنى باستۇرالمىغان بولسا، رىم
شەھىرىدىن ھېچقانداق بىر ئەسەر قالمىغان بولاتتى.
غەربىي گوتلارنىڭ تەھدىتى ئەمدىلا ئاياغلىشىپ تۇرۇشىغا، غەربىي رىم
ئىمپېرىيىسى يەنە بىر چوڭ تەھدىتكە دۇچ كەلگەن. بۇ بولسا راداگاسنىڭ
ھۇنلاردىن قورقۇپ قاچقان سوئىپ، كوئاد، بۇرگۇند، ساكسۇن، ئالمان (نېمىس)
قاتارلىق قوۋمىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، رىم شەھىرىگە دەھشەتلىك ھالدا بېسىپ
كېلىشى ئىدى. راداگاس رىم شەھىرىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلۋىتىشنى ئېلان
قىلغان. غەربىي رىمنىڭ ئاتاقلىق قوماندانى سىلىكخۇ پاۋىيا ئۇرۇشىدا راداگاس
بىلەن قاتتىق تۇتۇشقان بولسىمۇ، ئۇنى توسۇپ قالالمىغانىدى. غەربىي رىم
ئىمپېرىيىسى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرى يېقىنلىشىپ قالغان بۇنداق خەتەرلىك
پەيتتە، ھۇنلارغا باش ئۇرۇپ ئۇلاردىن ياردەم سوراشتىن باشقا ھېچقانداق بىر
چىقىش يولى تاپالمىغان. يىلدىز قوماندانلىقىدىكى ھۇن ۋە غەربىي رىمنىڭ
بىرلەشمە قوشۇنى مىلادىيە 406-يىلى 8-ئايدا، فىلورسادا راداگاسنى مەغلۇپ
قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرگەن شۇنداق قىلىپ يىلدىز غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنى
ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇپ قالغان.
بۇ
يەردە شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھۇنلارغا بولۇپمۇ، ھونلارنىڭ
مەشھۇر داھىيسى-ئاتتىلاغا نىسبەتەن دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىدە قەلەم
تەۋرەتكەن غەرب ئاپتورلىرى، رىم شەھىرىنى بۇلاپ-تالىغان ئالارىك ئۈچۈن
بولسۇن ياكى رىم شەھىرىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلۋەتمەكچى بولغان راداگاس
ئۈچۈن بولسۇن، ئۇلارغا سەلبىي پوزىتسىيە قوللانمىغان. بولۇپمۇ غەرب
ئاپتورلىرى رىم شەھىرىنى ھونلارنىڭ قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى يوشۇرۇپ قېلىش
ئۈچۈن، تۈرلۈك سۆز ئويۇنلىرىنى ئىشىلتىشتىن باش تارتمىغان.
ھونلارنىڭ غەربىي رىمغا ياردەم بېرىشى، ھۇن ئېمپىراتورى يىلدىزنىڭ مىلادىيە
400 - يىلى ئوتتۇرىغا قويغان ھۇن ئىمپېرىيىسىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە
بەلگىلەنگەن بىر تۈرلۈك ماددا ئىدى. يىلدىزنىڭ تاشقى سىياسىتى شەرقىي رىمغا
داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىش، بۇنىڭ ئەكسىچە غەربىي رىم بىلەن نورمال
مۇناسىۋەتنى ساقلاش ئىدى. چۈنكى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ئىچىگە بېسىپ
كىرىپ، ۋەيرانچىلىق پەيدا قىلغان مىللەتلەر ئەينى ۋاقىتتا يەنە ھۇنلارنىڭمۇ
دۈشمىنى بولغاچقا، غەربىي رىم بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ۋاقتى كەلگەندە
ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش يىلدىزنىڭ تاشقى سىياسىتىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.
يىلدىزنىڭ بۇ سىياسىتى تاكى ئاتتىلا دەۋرىگىچە داۋاملاشقان.
5.
شەرقىي رىمنىڭ ھۇنلارغا قارام بولۇشى
يىلدىز مىلادىيە 409-يىلى دوناي دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، بۇ دەريانىڭ
جەنۇبىدىكى شەرقىي رىمنىڭ بەزى ئىستىراتېگىيلىك جايلىرىنى ئىشغال قىلىپ،
شەرقىي رىم ھۆكۈمىتىگە ھونلارنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ قويغان. گرېك
مەنبەلىرىگە قارىغاندا، يىلدىز شەرقى رىمنىڭ تىنچلىق ئورنىتىشنى تەلەپ
قىلىپ كەلگەن ۋەكىلگە: «مەن كۈن پېتىشقىچە بولغان جايلارنى ئىگىلەيمەن» دەپ
ھەيۋە قىلغانىدى. يىلدىز مىلادىيە 410-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. يىلدىزنىڭ
دەۋرىدە ھۇن ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنى شەرقتە بالقاش كۆلىگە قەدەر سوزۇلغانىدى.
يىلدىز ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا قاراتون تەخىتكە چىققان.
قاراتون توغرىسىدا مەنبەلەردە كۆپ مەلۇمات قالدۇرۇلمىغان. پەقەت بىزگە
مىلادىيە 412-يىلى شەرقىي رىم ئەلچىسى ئولۇمپىئودوروسنىڭ قاراتوننىڭ
ئوردىسىغا بارغانلىقى ھەققىدىكى مەنبەلەر مەلۇم. قاراتوننىڭ ئايبارىس،
مۇنجۇق، رۇگا ۋە ئوكتار ئىسىملىك تۆت ئوغلى بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇنجۇق
بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتكەن.
مىلادىيە 422-يىلى قاراتون ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئورنىغا چوڭ ئوغلى رۇگا
ئېمپىراتور بولغان. رۇگا ئىنىسى ئايبارىسنى «سول قول بىلگە خان» ۋە
ئوكتارنى «ئوڭ قول بىلگە خان» ئەمىلىگە قويۇپ، ئۇلارنى ھۇن ئىمپېرىيىسىنىڭ
شەرقىي ۋە غەربىي قىسىمىغا خان قىلىپ سايلىغان.
رۇگا تەخىتكە چىققاندىن كېيىن، شەرقىي رىم ھۇن ئىمپېرىيىسىگە مەخسۇس
تەيىنلەنگەن جاسۇسلارنى ۋە تەشۋىقاتچىلارنى ئەۋەتىپ، ھۇن قوشۇنىنى ئىسىيان
كۆتۈرۈشكە ۋە ھۇنلارغا تەۋە مىللەتلەرنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ھۇن
ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىشقا كۈچكۈرتكەن. شەرقىي رىم بۇ ئارقىلىق
ھۇنلارنى ئىچكى قىىسىمدىن غۇلىتىپ تاشلىماقچى بولغان. شەرقىي رىمنىڭ بۇ
سۇيقەستىنى سېزىپ قېلىپ، قاتتىق غەزەپلەنگەن رۇگا مىلادىيە 422-يىلى ھۇن
قوشۇنىنى باشلاپ شەرقىي رىمنىڭ بالقاندىكى ئۆلكىلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ
جايلارنى بېسىۋالغان. شەرقىي رىم ھۇنلارغا تەڭ كېلەلمەي تىنچلىق ئورنىتىشنى
تەلەپ قىلغان. رۇگامۇ شەرقىي رىمنىڭ تەلپىگە قوشۇلغان. نەتىجىدە، شەرقىي
رىم ھونلارنىڭ تەلپىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىپ، ھەر يىلى ھۇنلارغا باج
سۈپىتىدە 350 لىرا ئالتۇن تاپشۇرۇشقا قوشۇلغان.
ھۇنلاردىن قاتتىق دەككىسىنى يەپ ناھايىتى كۆپ باج تاپشۇرۇشقا مەسئۇل بولغان
شەرقىي رىم ئېمپىرىيسى، مىلادىيە 423-يىلى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنى ئۆزىگە
قوشۇۋېىلىش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتكەن. غەربىي رىم ئېمپىرىيسى بۇ قېتىم يەنە
ھۇنلاردىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولغان. رۇگانىڭ 60 مىڭ كىشىلىك قوشۇن
بىلەن ياردەمگە كەلگەنلىكىنى كۆرگەن شەرقىي رىم قوشۇنى، ئۇرۇشقا
كىرمەستىنلا ئالدىراپ-تېنەپ چېكىنىپ كەتكەن. گەرچە، بۇ قېتىم زور ئۇرۇش
پارتلمىغان بولسىمۇ، لېكىن رۇگا شەرقىي رىمدىن بۇ قېتىمقى يۈرۈشنىڭ ھەربىي
چىقىملىرىنى تولۇق تۆلىتىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن ھونلار غەربىي رىمنى يەنە بىر
قېتىم ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇپ قالغان. شەرقىي رىم بولسا ھۇنلارغا قارام
دۆلەتكە ئايلانغان.
شەرقىي رىم تارىخچىسى پىرىسكوسنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، شەرقىي رىم
ئېمپىراتورى تىئودوروس ھونلار بىلەن يامانلىشىپ قېلىشتىن قورقۇپ، يىللىق
باجنى ۋاقتى-ۋاقتىدا، بەلگىلەنگەن مىقداردا تاپشۇرۇپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن
ئۇ يەنىلا ھۇنلارغا تەۋە مىللەتلەرنى ئاستىرىتتىن كۈچكۈرتۈش ھەرىكىتىنى
زادىلا توختاتمىغان. شۇڭا رۇگا تىئودوروسنىڭ بۇ يامان نىيىتىنى بەربات
قىلىش ئۈچۈن، شەرقىي رىمنىڭ ھۇن ئېمپرىيىسى تەۋەسىدىكى مىللەتلەردىن
مۇئاشلىق ئەسكەر قوبۇل قىلىشنى ۋە شەرقىي رىم سودىگەرلىرىنىڭ ھۇن تۇپرىقىدا
ئەركىن سودا قىلىشنى چەكلىگەن. رۇگا يەنە تىئودوروس نى شەرقىي رىمغا قېچىپ
بارغان ھۇن دۆلەت ئەمەلدارلىرىدىن ئاتاقام بىلەن مامانىڭ ئوغۇللىرىنى ۋە
باشقا ھۇن قاچاقلىرىنى دەرھال ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە زورلىغان. ئىلاجسىز ئەھۋلدا
قالغان تىئودوروس ھونلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن،
مىلادىيە 434-يىلى بىر ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ھۇن ئىمپېرىيىسىگە ئەۋەتكەن.
ئەلچىلەر ئۆمىكى يېتىپ كەلگەن چاغدا، رۇگا ئالەمدىن ئۆتۈپ ئورنىغا
مۇنجۇقنىڭ ئوغلى ئاتتىلا ھۇن تەختىگە چىققانىدى. شەرقىي رىم رۇگادىن
ئىبارەت بۇ كۈچلۈك رەقىبىدىن قۇتۇلغىنىغا ناھايىتى خوش بولغان. شۇ
ۋاقىتتىكى خرىستىئان دىنىي ئېپىسكوپى پىروكۇلۇس چېركاۋدا «تەڭرى تەقۋادار
تىئودوروسنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي رىم ئۈستىدىكى تەھدىتنى
يوقاتتى»،
دەپ ۋەز ئېيتقان. لېكىن، بۇ چاغدا تىئودوروس يېڭىدىن تەخىتكە چىققان
ئاتتىلانىڭ، شەرقىي رىم ئۈچۈن رۇگادىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلىق كۈچ ئىكەنلىكىنى
ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
ئىككىنچى باب
ئاتتىلا دەۋرىدىكى ھۇن ئىمپېرىيىسى
1. «ئاتتىلا» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنبەسى ۋە مەنىسى
«تەڭرى قامچىسى» دېگەن نام بىلەن دۇنياغا مەشھۇر ئاتتىلانىڭ ئىسمى، شەرقىي
رىم مەنبەلىرىدە «ئاتتىلاس»، «ئاتىلاس»، «ئاتىللاس»، « ئاتتېلاس»، لاتىنچە
مەنبەلەردە «ئاتتىلا»، «ئاتتيلا»، «ئاتتلا»، سلاۋيان مەنبەلىرىدە «ئاتېلا»،
«ئاتىلا»، يىراق قەدىمكى گېرمانچە مەنبەلەردە «ئەرزىلو»، ئوتتۇرا قەدىمكى
گىرمانچە مەنبەلەردە «ئەتزەل». كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر گېرمانچە مەنبەلەردە
«ئەتتەل»، «ھەتتەل»، «ئەتخەلە»، ئىنگلىزچە مەنبەلەردە «ئائەتلا»، شىمالى
گېرمانچە مەنبەلەردە «ئاتلى»، ھۇنگرىيە مەنبەلىرىدە «ئەتخەلە»، «ئەتەلە»،
«ئاتخىلا»، «ئاتتىلا» ۋە «ئاتىلا» دېگەن شەكىللەردە يېزىلغان.
«ئاتتىلا» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنبەسى ۋە مەنىسى توغرىسىدا ھۇنگر تۈركولوگى گ.
نېمېزنىڭ «ئاتتىلا ۋە ھونلار» دېگەن ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان «ئاتتىلا»
دېگەن ئىسىم گوتچە «دادا» دېگەن مەنىدىكى «ئاتتا» (بۇ سۆز ئەسىلدە تۈركى
تىللىق مىللەتلەردىن گوتلارغا ئۆتكەن سۆز ئىدى) سۆزى بىلەن يەنە گوتچە
ئەكىلەتمە سۆزى بولغان «ئىلا» قۇشۇمچىسىنىڭ قۇشۇلۇشىدىن ياسالغان بولۇپ،
مەنىسى «كىچىك دادا» دېگەنلىك بولىدۇ، دېگەن قارىشى ھازىر ئىلىم ساھەسىدە
ئانچە نەزەر ئېتىبارىغا ئېلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا «ئاتتىلا» دېگەن
ئىسىمنىڭ ئېتىل دەرياسىنىڭ نامىدىن كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى قاراش
بارغانسېرى ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشمەكتە.
ۋولگا دەرياسىنىڭ تۈركچە نامى «ئېتىل» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ نام ھەر قايسى
تۈركىي تىل شىۋىلىرىدە يەنە «ئاتال»، «ئەتىل»، «ئادەل»، «ئەدىل» ۋە «ئىدىل»
دەپمۇ ئاتىلاتتى. شەرقىي رىم مەنبەلىرىدە بولسا «ئاتىلا» ۋە «ئاتىل» دەپ
يېزىلغان. «ئېتىل» سۆزىنىڭ مەنىسى «چوڭ دەريا»، «ئېقىن»، «سۇ» دېگەنلىك
بولاتتى. ۋولگا سۆزى بولسا فىن-ئۇغۇر تىلىدىن كەلگەن. مەھمۇد قەشقىرى
«تۈركى تىللار دىۋانى»دا ئېتىل دەرياسىنى «ئەدىل» دەپ ئاتاپ، ئۇنى قىپچاق
دالىسىدىكى بىر دەريانىڭ نامى، دەپ كۆرسەتكەن ھەم بۇ دەرياغا مۇناسىۋەتلىك
تۆۋەندىكى شېئىرنى قۇشۇمچە قىلغان:
ئېتىل «ئەدىل» سۈيى ئېقىپ تۇرار،
قىيا تۈۋىگە سوقۇپ تۇرار.
بېلىق-پاقا تولۇپ تۇرار،
كۆلچەك ئىچى تېشىپ تۇرار.
«ئاتتىلا» دېگەن ئىسىمنى تۇنجى قېتىم پىرىسكوس «ئاتتىلاس» دەپ تىلغا
ئالغان. گېرىك تىلدا «ئاس» سۆزى قوشۇمچە ھېسابلىناتتى. گېرىكلار تۈركىي
تىلدا «ئا» ۋە «ئە» تاۋۇشلىرى ئۈچۈن «oc»
بەلگىسىنى قوللانغان. شۇڭا، پىرىسكوس «ئاتتىلاس» دەپ تىلغا ئالغان ئىسىمنى
«ئاتتىل» ياكى «ئەتتىل» دەپ ئوقۇشقا ھەم بۇ ئىسىمنىڭ دەل ۋولگا دەرياسىنىڭ
تۈركچە ئىسىمىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى چۈشنىشكە بولىدۇ.
ئاتتىلا ئېتىل دەرياسى بويىدا تۇغۇلغاچقا، ئۇنىڭغا بۇ دەريانىڭ ئىسمى
قۇيۇلغان. بۇ خىل ئادەت تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.
دېمەك، ئاتتىلاغا «چوڭ دەريا»، «ئېقىن»، «سۇ» دېگەن مەنىلەردىكى ئاتىل
دېگەن ئىسىم قۇيۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىسىم «ئاتتىلا» دېگەن
شەكىلدە ئومۇملىشىپ كەتكەن.
2. ئاتتىلا ۋە بىلەدا
ئاتتىلا مىلادىيە 400-يىلى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى مۇنجۇق بالدۇرلا
ئالەمدىن ئۆتكەچكە، ئاتتىلا تاغىسى رۇگانىڭ يېنىدا چوڭ بولغان. ئاتتىلا
كىچىكىدىنلا ناھايىتى ئەقىلىق، ھوشيار ھەم جاسارەتلىك بولغاچقا، رۇگا
ئاتتىلانى ئۆزى بىلەن نۇرغۇن ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھەربىي
ماھارەت ئۆگەتكەن ھەمدە ئۇنىڭغا ھونلارنىڭ ئىچكى تاشقى سىياسەتلىرىنى
پىششىق تونۇتقانىدى. ئاتتىلا ياش ۋاقتىدا بىر مەزگىل رىم ئىمپېرىيىسىدە
گۆرەدە تۇرغان. ئاتتىلا گۆرەدە تۇرغان مەزگىلدە، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ بارلىق
ئاجىزلىق ۋە زىددىيەتلىرىنى تولۇق تونۇپ يەتكەن. كېيىن ئاتتىلا شەرقىي
رىمگە قوللانغان سىياسىتىدە ئۆز ۋاقتىدا ئېرىشكەن تەجىرىبىلىرىگە
ئاساسلانغان. دېمەك، ئاتتىلا تەخىتكە چىققان مەزگىلدە ئۇ سىياسىي ۋە ھەربىي
جەھەتتە كۈچلۈك تالانت ئىگىسىگە ئايلىنىپ بولغاندى.
مىلادىيە 434-يىلى رۇگا ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئاتتىلا بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسى بىلەدا
«بۇدا» بىرلىكتە ھۇن ئېمپىرىيسىنىڭ تەختىگە چىققان. مەلۇماتلارغا
ئاساسلانغاندا، ئاتتىلانىڭ باشقۇرۇشىدىكى جايلار ھۇن ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىي
قىسمىدىكى جايلار، بىلەدانىڭ باشقۇرۇشىدىكى جايلار ھۇن ئىمپىريىسىنىڭ
غەربىي قىسىمدىكى جايلار ئىدى.
بىلەدا ئويۇن تاماشىغا ئامراق، دۆلەت ئىشى بلەن ئانچە كارى يوق ئىدى. شۇڭا،
دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلىرىنى ئاتتىلا ئۆزى باشقۇرغان.
شۇنداقتىمۇ، ئاتتىلا يەنىلا ئاكىسىنىڭ نامىدا بولسىمۇ خان دەپ ئاتىلىشنى
خالىمىغان. ئاخىرى بىلەدا مىلادىيە 445ـ يىلى ئاتتىلا تەرىپىدىن
ئۆلتۈرۈلگەن. قەدىمكى مەنبەلەردە بۇ ھەقتە بەزى مەلۇماتلار قالدۇرۇلغان.
مەسىلەن جوردانىس: «ئاتتىلا ئاكىسى بىلەدا بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق
قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ پىلانىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش
ئۈچۈن ۋە ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىلەدانى ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭ
بىلەن، ئاتتىلا ھۇن ئىمپىېريىسىنىڭ پۈتۈن ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن» دەيدۇ.
ماركىللىننوسمۇ بۇ ھەقتە: «ھونلارنىڭ خانى بىلەدانى ئاتتىلا ھىيلە بىلەن
يوق قىلدى» دەپ يازغان. لېكىن، مىلادىيە 448-يىلى ئاتتىلانىڭ قېشىغا كەلگەن
شەرقىي رىم ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاللىرىدىن بىرى بولغان تارىخچى پىرىسكوس،
بىلادانىڭ ئىسمىنى بىر قانچە يەردە تىلغا ئالغان ھەمدە ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن
بىلەدانىڭ بىر خانىشنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغان بولسىمۇ، لېكىن بىلەدا
پاجئەسى توغرىسىدا بىر نېمە دېمىگەن. بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا، بىلەدا
ھايات ۋاقتىدا ئاتتىلانىڭ ياردەمچىسى سۈپىتىدە ھونلارنىڭ ئىچكى-تاشقى
سىياسىتىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئارلاشقانلىقى مەلۇم. ھەتتا، مىلادىيە
441-يىلى بىلەدا ئۆز نامىدا كۈمۈش تەڭگە پۇل قۇيدۇرغانىدى. بۇ پۇلنىڭ ئالدى
تەرپىدە بۇدا(بىلەدا) دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن. ئارقا تەرپىگە «بۇدا، 441-يىل»
دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن. تارىخى مەنبەلەرگە قارىغاندا، بىلەدا ئويۇن-تاماشىغا
ئامراق كىشى بولۇپ، ھەر ۋاقىت خوشال-خۇرام، كۈلكە-چاقچاق ئىچىدە ئۆتۈشنى
خالايتتى. شۇڭا، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى ئېغىر يۈك دەپ بىلەتتى. ئاتتىلانىڭ
بىلەدانى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئانچە كۆپ ئارلاشتۇرماسلىقى، مۇشۇ سەۋەبتىن
بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە پىرىسكوس مۇنداق دەپ مەلۇمات بەرگەن: «ھونلارنىڭ
قولىغا چۈشكەن ئەسىرلەر ئىچىدە زەركۇن ئىسىملىك بىر ئەرەب قىزىقچىسى بار
ئىدى. ئۇ ئاتتىلانىڭ سارىيىغا ئېلىپ كېلىنگەندە، ئاتتىلا ئۇنى زادىلا
ياقتۇرمىغان. بىلەدا بولسا ئۇنىڭ ئەرەبچە، گوتچە، لاتىنچە ۋە ھىندىچە
سۆزلەر بىلەن ئارىلاشقان قىزىقارلىق سۆزىلىرىنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالغان.
شۇڭا، ئۇنى يېنىدا ئېلىپ قالغان. بىر كۈنى بۇ ئەرەپ قىزىقچىسى قېچىپ
كەتكەن. بىلەدانىڭ ئادەملىرى ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ، بىلەداغا تاپشۇرغان. بىلەدا
ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن قاچقانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ئۆزنىڭ توي قىلىش نىيتىنىڭ
بارلىقىنى ئېيتقان. بۇنى ئاڭلاپ بىلەدا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەن ھەمدە دەرھال
چوڭ خانىشنىڭ كېنىزىكىدىن بىرنى تاللاپ چىقىپ، زەركۇننى ئۆيلەپ قويغان.
بىلەدا ئۆلگەندىن كېيىن، ئاتتىلا ئۇنى غەربىي رىم ئېمپىرىيسىنىڭ قوماندانى
ئائىتوسقا بېرىۋەتكەن». مانا بۇنىڭدىن مەلۇمكى، بىلەدا بىلەن ئاتتىلانىڭ
خاراكتېرى، قىزىقىشى ۋە سىياسىي-ھەربىي ئىشلارغا بولغان قارىشى تۈپتىن
ئوخشىمايتتى.
بىلەدا ياۋروپا مىللەتلىرىنڭ رىۋايەتلىرىدە ئاتتىلادەك كەڭ ئورۇن
ئالالمىغان. نېمىسلارنىڭ «نىبۇڭلار ھەققىدە قوشاق» ناملىق ئىپوسىدا
بىلەدانىڭ ئىسمى «بىلۆدەل» دېگەن ئىسىم بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ئىپوستا
ئېيتىلىشچە، كىريمخىلد ئەتزەل بىلەن توي قىلىشقا قۇشۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ
تۇلۇندىكى سارىيىغا سالامغا بېرىش ئۈچۈن، ئەتزەل تەرەپتىن 24 نەپەر ۋەكىل
ئەۋەتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىلۆدەلمۇ بار ئىدى. توي مەرىكىسى دەسلەپ
ۋىنادا، كېيىن، ئەتزەلنىڭ پايتەختى ئەتزەلبورگدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. كريمخىلىد
ئۆزنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ئېرى سيگفىردنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن، نىبۇلۇڭلار
(بۇرگۇندلار) نى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە ئەتزەلنىڭ سارىيىغا كېلىشكە تەكلىپ
قىلىدۇ. خانىشنىڭ بۇ پىلانىدىن قىلچە خەۋەرسىز ئەتزەل ئۇلارنى قىزغىن
كۈتىۋالىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە سيگفىردنىڭ قاتىلى خاگىن دېگەن كىشىمۇ بار
ئىدى. كريمخىلىد ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىلۆدەنىڭ
ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھونلار بىلەن نىبۇلۇڭلار ئوتتۇرىسىدا
ئورۇش پارتىلايدۇ. بۇ ئۇرۇشتا تۇنجى بولۇپ، بىلۆدە جېنىدىن ئايرىلدۇ.
بىلەدا ھەققىدە ھۇنگىرلار ئارىسىدىمۇ بەزى رىۋايەتلەر تارقالغان. ئەرد
رىۋايىتى ياكى باشقا رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشچە، قادار قەبىلىسىدىن كېلىپ
چىققان بۇدا بەندەگۆزنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتەلە(ئاتتىلا) ۋە كەۋە
(رۇۋا) دەيدىغان ئىككى ئىنىسى بولغان. بۇدا ھۇنلاارنىڭ يەتتە چوڭ
قوماندانلىرنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى. رىملىقلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان
جەسۇمائۇر (ئاۋىستىرىيىدىكى زىسەلمائۇر) ئۇرۇشىدا ھۇن قۇماندانلىرى
ئۆلتۈرۈلدى. پەقەت بۇدا ھايات قالىدۇ. بۇدا بىلەن ئەتەلە ھۇن ئىمپېرىيىسىنى
ئىككىگە بۆلۈپ باشقۇردۇ. تىسسا دەرياسىغىچە بولغان شەرقىي قىسىمدىكى جايلار
بۇداغا، تىسسا دەرياسىنىڭ غەربى قىسىمدىكى جايلار بولسا، ئەتەلەگە قارايدۇ.
ئەتەلە بىر قېتىم غەرب مىللەتلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان چاغدا، بۇدا
ئەتەلەگە بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ پايتەختى سىچامبىرا
(ئوكۋېنكوم ـ بوداپشېتتىكى بۇدا شەھىرى) غا كۆچىدۇ ھەمدە بۇ جاينى ئۆزىنىڭ
ئىسمى بلەن باغلاپ «بۇداۋارا»(بۇدا قەلئەسى) دەپ ئاتايدۇ. بۇ ۋەقەدىن خەۋەر
تاپقان ئەتەلە دەرھال ئۇرۇشنى توختىتىپ دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ بۇدانى
ئۆلتۈرۈپ، جەسىتىنى دوناي دەرياسىغا تاشىلىۋېتىدۇ. ئارقىدىن بۇداۋارانى
«ئەتەلە ۋارا» (ئاتتىلا قەلئەسى) دەپ ئاتاشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. نېمىسلار بۇ
بۇيرۇققا ئەمەل قىلىپ،«ئەتزەلبورگ» دەپ ئاتايدۇ. لېكىن، بۇ بۇيرۇققا
بويسۇنمىغان ھۇنگرلار بۇ شەھەرنى يەنىلا «بۇداۋارا»دەپ ئاتاۋېرىدۇ.
ھۇنگر رىۋايەتلىردە يەنە بىلەدانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدە باشقا سەۋەبلەرنىڭ
بار ئىكەنلىكىمۇ سۆزلىندۇ. بىر رىۋايەتتە مۇنداق ئېيتىلىدۇ: ئەتەلەنىڭ
كۈندىن ـ كۈنىگە يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان نام-ئابرويى ۋە كۈچ قۇدىرىتى بۇدادا
قاتتىق ئۆچىمەنلىك پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇدا ئىنىسى ئەتەلە بىر قېتىم
دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان چاغدا، ئەتەلەنىڭ سارىيىدىن ئۇنىڭغا
دۇنيانى ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى ئاتا قىلغان سېھىرلىك قېلىچىنى ئوغرىلاپ
قاچىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئەتەلە ئۇرۇشنى توختىتىپ، مەمىلىكىتىگە
قايتىپ، بۇدانىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىدۇ. بۇدا قۇلىغا سېھىرلىك قېلىچنى
ئېلىپ، ئەتەلەگە قارشى ئۇرۇشقا كىرىدۇ. لېكىن، بۇدانىڭ قولىدا بۇ قىلىچ
ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يوقىتىپ، ئادەتتىكى قېلىچقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئۇرۇشتا ئەتەلە بۇدانى ئۆلتۈرۈپ، تەڭرى تەرىپىدىن ئۆزىگە بېرىلگەن بۇ
مۇقەددەس قېلىچنى قايتۇرۋالىدۇ.
بىلەدانىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى رىۋايەتلەردە بىلەدا ۋە ئاتتىلانىڭ پايتەختىنىڭ
بۈگۈنكى ھۇنگىريىنڭ پايتەختى بۇداپېشت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى
سۆزلەنگەن. مەلۇمكى، بۇداپېشت شەھىرى بۇدا ۋە پېشت شەھىرىدىن ئىبارەت ئىككى
شەھەردىن تەشكىل تاپقان. پېشت شەھىرى مىلادىيە 13ـ ئەسىردىن كېيىن بىنا
قىلىنغان. بۇدا شەھىرى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 2ـ
ئەسىردىن باشلاپ ئوكۋېنكوم(سىچامبىرا) دەپ ئاتالغان. ئاتتىلا دەۋرىدە
بىلەدا ئوكۋېنكومنى پايتەخت قىلغان. ھونلار بىلەدا (بۇ شەرقىي رىم
مەنبەلىرىدىكى ئاتىلىشى) نى بۇدا دەپ ئاتايتتى. شۇڭا بۇ شەھەر «بۇدا
قەلئەسى » دەپ ئاتالغان. ھۇنگىر تارىخچىسى ئانونىموس ئاتتىلانىڭ
ئوكۋېنكومنى ئۆزگەرتىپ پايتەخت قىلغانلىقىنى، ھۇنگىرلارنىڭ بۇ يەرنى
بۇدانىڭ نامىغا باغلاپ، «بۇدا قەلئەسى»
دەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. دېمەك، يۇقىرىدىكى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا
ئاتتىلا ھازىرقى بۇداپېشتنى پايتەخت قىلغان.
شەرقى رىم تارىخچىسى پىرسكوسنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئاتتىلانىڭ
پايتەختى چوڭ بىر يېزىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاتتىلانىڭ ئوردىسى ئېگىز بىر
دۆڭلۈك ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئۇنىڭ كەينىگە ئاتتىلانىڭ يېقىن ئادىمى ئۇنىگۇس
(تۈرۈكچە ئون ئىككى دېگەنلىك بولىدۇ) نىڭ سارىيى جايلاشقان. ئاتتىلانىڭ
پايتەختىدە چوڭ-كىچىك سارايلار، خەلقنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى، ھەربىي بازىلار،
قورال-ياراق ۋە يېمەك-ئىچمەك ساقلايدىغان ئامبارلارنىڭ ھەممىسى ياغاچتىن
سېلىنغان. ئاتتلانىڭ پايتەختىدىكى بىردىن-بىر تاش قۇرۇلۇش بولسا، ئۇنگۇسنىڭ
مۇنچىخانىسى ئىدى. ھونلار بۇ قۇرۇلۇشنى سېلىشتا ئەسىر ئالغان ياكى تەكلىپ
بويىچە ئېلىپ كەلگەن رىم ئۇستىكارلىرىنى ئىشلەتكەن. ئاتتىلانىڭ ئوردىسىدىكى
تامنىڭ ھەممە يېرىگە قاپارتما نەقىشلەر ئويۇلغان، يەرگە گىلەم سېلىنغان.
ئوردا ئىچىنىڭ بېزىلىشى گېرىك-رىم ئۇسلۇبىدا ئىدى.
3.
ئاتتىلا ۋە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى
مىلادىيە 434-يىلى شەرقىي رىمنىڭ ئەلچىلىرى ھۇن ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختىگە
يېتىپ كەلگەن چاغدا، رۇگا ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئورنىغا ئاتتىلا تەخىتكە چىققان
ئىدى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي رىمنىڭ ئەلچىلىرى ئاتتىلا بىلەن كۆرۈشكەن.
ئاتتىلا شەرقىي رىمنىڭ ئەلچىلىرىنى مارگۇس شەھىرىدە (ھازىرقى
يۇگۇسلاۋىيەدە) ئاتنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ قارشى ئالغان ھەم ئۇلار بىلەن ئات
ئۈستىدە تۇرۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى تىنىچلىق
سۆھبىتىدە ئاتتىلا رىم ئەلچىلىرىگە تاغىسى رۇگادىنمۇ بەكرەك قاتتىق
پوزىتسىيىدە بولۇپ، تېخىمۇ ئېغىر شەرتلەرنى ئوتتۇرغا قويغان. شەرقىي رىم
ئەلچىلىرى ئۇنىڭ شەرتلىرىنى شەرتسىز قوبۇل قىلشقا مەجبۇر بولغان. بۇ
قېتىمقى كېلىشىم تارىختا «مارگۇس كېلىشىمى» دەپ ئاتالغان. بۇ كېلىشىمنىڭ
مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
1.
شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى ھەر يىلى ھۇنلارغا تاپشۇردىغان باجنى بىر ھەسسە
ئاشۇرۇپ 700 لىرا ئالتۇنغا كۆپەيتىش.
2.
ھۇن قاچاقلىرىنى شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىگە كىرگۈزمەسلىك، ھازىرغا قەدەر
قېچىپ بارغانلارنى قايتۇرۇپ بېرىش.
3.
ھۇنلار تۇتۇپ تۇرۋاتقان مەزگىلدە، قېچىپ كەتكەن شەرقىي رىم ئەسىرلىرىنى
قايتۇرۇپ بېرىش ياكى ھەر بىرى ئۈچۈن سەككىز لىرا ئالتۇن تاپشۇرۇش.
4.
شەرقىي رىم ئېمپىرىيسى ھۇنلارغا قارايدىغان مىللەتلەر بىلەن ھەر قانداق
شەكىلدە ئىتىتىپاق تۈزمەسلىك.
5. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى سودا-سېتىق ئىشلىرىنى چېگىرا رايۇندىكى
بەلگىلەنگەن رايۇندا ئېلىپ بېرىش①.
ئاتتىلارنىڭ شەرتىنى رەت قىلالمىغان تىئودورۇس ھۇن قاچاقلىرىنى دەرھال
ئاتتىلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئاتتىلا ھۇن قاچاقلىرىنى شەرقىي رىم
تەۋەسىدىكى، فارسوس (بۈگۈنكى بۇلغاريىدىكى خىرسوۋا) تا دارغا ئېسىپ
ئۆلتۈرگەن. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ھۇنلارنىڭ ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە شەرقىي
ۋە غەرىبي رىم ئېمپىريىسىى دائىرسىدە ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا
ئاتتىلانىڭ نامى تىلغا ئېلىنسلا، كىشلەر چۆچۈپ تىتىرەپ كېتىدىغان ھالەت
كۆرۈلگەن.
مىلادىيە 434-يىلى ئىمزالانغان مارگۇس كېلىشىمىدىن كېيىن، ئاتتىلا
ئېمپىريىسىدكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇق ئالاقىسىنى
كۈچەيتىپ، مەركىزىي ھاكىميەتنى كۈچەيتىپ، مەركىزىي ھاكىميەتنى تېخىمۇ
مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئۆزى مەخسۇس ئاتلىق ھالدا ئېمىپىرىيىنىڭ شەرقىي
قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرگەن. بۇ جەرياندا ئاتتىلا مىلادىيە 435-يىلى ئىتىل
(ۋولگا) دەرياسى بويىدىكى ساراغۇرلارنىڭ قوزغىلىڭىنى بېسىقتۇرغان. مىلادىيە
436-يىلى ئوكتارنىڭ قوماندانلىقىدا رىيىن دەرياسىنىڭ بويىدا بۇرگۇندلارنىڭ
ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ خانى گۇندىكارنى ئۆلتۈرگەن. رىۋايەتلەرگە
قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا گۇندىكار بىلەن بىرگە ئۆلگەن بورگوندىلارنىڭ
سانى 20 مىڭغا يەتكەن.②مۇشۇ مەزگىلدە ھۇنلارغا بويسۇنغان مىللەتنىڭ سانى 45
كە يەتكەن. قەدىمكى غەرپ تارىخچىلىرنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، مۇشۇ
مەزگىللەردە ھۇن ئىمپىريىسىنىڭ غەربى قىسىم مەركىزى بولغان دۇناي دەرياسى
بويىدا ۋە شەرقىي قىسىم مەركىزى بولغان دىنپىر دەرياسى بويىدا تۆۋەندىكىدەك
مىللەتلەر جايلارشقان.
1. گېرمانلار: (شەرىقتىن غەربكە) شەرقى گوتلار، گىپىدىلەر،
تۈركىڭلەر،سۇئبلەر، ماركومانلار، كۇئادىلار، ھبروللار، رۇگىلەر، ۋە
سىكىرلەر.
2.
سىلاۋىيانلار: (ئوتتۇرا ۋە غەربىي روسىيەدە) ۋېنېدلار، ئانتلار ۋە
سكلاۋىنلەر.
3.
پارىسلار-ئىرانلىقلار: (كاۋكازدىن دونايغا قەدەر تارقاق ھالدا تارقالغان)
ئالانلار، سارماتلار، باشتانارلار، نىيۇرلار ۋە روشۇلانلار.
4.
فىن-ئۇغۇرلار: (ئورالدىن-بالتىق دېڭىزىغا قەدەر) چەرەمىشلەر، موردېۋىنلەر،
مەريالار، ۋېشلەر، چۇدلار، ئىستىلەر ۋە ۋىدىۋارىلەر.
5.تۈركىي تىللىق مىللەتلەر: (ئىتىل دەرياسىنىڭ شەرقىي ۋە قارا دېڭىزنىڭ
شىمالىدىكى تۈزلەڭلىكلەردە) ھۇنلار، بىتتۇرلار، بۇئىسكلەر، بىتتىغۇرلار،
قۇتۇرغۇرلار، ئالتىغۇرلار، ساراغۇرلار، ئوغۇزلار، سابارلار، (سابىرلار)،
ئاكاتىرلار (ئاق ھازارلار) ۋە باشقىلار. ئاتتىلا مىلادىيە 434-440-يىللاردا
شەرقىي رىمگە ھېچقانداق بىر تىگىش قىلمىدى. چۈنكى، ئۇ بۇ مەزگىلدە دۆلەتنىڭ
ئىچكى ئىشلىرى بىلەن بەنىت بولغاندى. مىلادىيە 440-يىلىدىن كېيىن، ئاتتىلا
نىشانىنى شەرقىي رىمگە قاراتتى. ئاتتىلانىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەبى
بولسا، شەرقىي رىم ئېمپىراتورى تىئودورۇس كېيىنكى چاغلاردا مارگۇس
كېلىشىمىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا، ھۇن ئېمپرىيىسىدىن قېچىپ بارغان
قاچاقلارنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى يۇقىرى
ۋەزىپىلەرگە قويغان. ئىككى دۆلەتنىڭ چىگىراسىدىكى ئورتاق بازاردا رىم
سودىگەرلىرى ھۇن سودىگەرلىرىنى ئالداپ نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشىۋالغان، يەنە
بىر تەرەپتىن مارگۇس ئېپىسكوپى ھۇنلارنىڭ بىر قەبرىستانلىقىنى ئېچىپ
بولىغان. بۇ قەبرىستانلىق ھۇنلارنىڭ ئولۇغ كىشىلىرى دەپنە قىلىنغان ھەم
قىممەتلىك مەدەنلەردىن ياسالغان قورال-ياراقلار ۋە زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى
قۇشۇپ كۆمۈلگەن قەبرىستانلىق ئىدى. بۇ ۋەقە ھۇنلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى
قوزغىغان. چۈنكى، قەبرىستانلىقنى ئېچىپ ئۇنى بولاپ-تالاش ھۇنلارنىڭ روھى
دۇنياسىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھاقارەت ۋە تاجاۋۇزچىلىق ھېسابلىناتتى. شۇڭا،
ئاتتىلا شەرقىي رىمنىڭ قاتتىق ئەدىبىنى بېرىش ئۈچۈن، مىلادىيە 441-يىلى
بىلگىراد شەھىرىدىن ئاتلىنىپ، رىمنىڭ سوفىيا قاتارلىق شەھەرلىرىنى ئىشغال
قىلىپ، ئۇدۇل پايتەخىت كونسىتانتىنىپولغا قاراپ يۈرۈش قىلغان. شەرقىي رىم
يوقىلىش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن ھالقىلىق پەيىتتە، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى
ئوتتۇرغا چۈشۈپ، ئاتتىلاغا يالۋۇرۇپ، ئۇنى توختىتىۋالغان. غەربىي رىم
ئىمپېرىيىسىنىڭ مەشھۇر قوماندانى ئائىتوس تىئودوروسنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن،
شەرتنامىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىپ،
ئۆز ئوغلىنى ھۇنلارغا گۆرەگە قويغان③.
ئاتتىلا بۇ قېتىمقى يۈرشىدە شەرقىي رىمنىڭ دوناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى
بەزى شەھەرلىرىنى ئۆزىگە قۇشىۋالغان ھەم بۇ جايلاردىكى ھۇنلارغا قارشى
ئىستېھكاملارنىڭ ھەممىسىنى پاچاقلاپ تاشلىغان. مىلادىيە 442-يىلى ئاتتىلا
گىلىپولى يېرىم ئارىلدا شەرقىي رىم قۇشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان.
تىئودۇرۇس بۇ قېتىم يەنىلاھۇنلار بىلەن تىنىچىلىق كېلىشىمى ئورنىتىشتىن
باشقا چىقىش يولى تاپالمىغان. شۇنىڭ بىلەن، تىئودۇرۇس مىلادىيە 443-يىلى
ئاتتىلا بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. كېلىشمىدە ئاتتىلا شەرقىي رىم ئۆتەيدىغان
مەجبۇريەتلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەن. كېلىشمىنىڭ مەزمونى مۇنداق
ئىدى:
1.
شەرقي رىم ھۇنلارغ تاپشۇرمىغان باجنىڭ ھېسابىغا 6000 لىرا ئالتۇن تاپشۇرۇش.
2.
يىللىق باجنى 2100 لىرا ئالتۇنغا ئۆستۈرۈش.
3.
ھۇنلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇشىدىن قېچىپ كەتكەن شەرقىي رىم ئەسكەرلىرنىڭ ھەر بىرى
ئۈچۈن 12 لىرا ئالتۇن تاپشۇرۇش.
4. ھۇن قاچاقلىرنى شەرىقي رىم تەۋەسىگە كىرگۈزمەسلىك ①«ھۇن تارىخىغا
دائىرماقالىلەرتوپلىمى»خەنزۇچە، 137-بەت.
تىئودۇرۇس بۇ شەرتلەرنىمۇ ئۈن-تىنسىز ھالدا قۇبۇل قىلغان. چۈنكى، ئۇنىڭدا
ئاتتىلاغا قارشى چىققۇدەك كۈچ-قۇدىرەت يوق ئىدى. لېكىن، بۇ كېلىشىم ھۇنلار
ئۈچۈن يەنىلا ۋاقىتلىق ئىدى. چۈنكى باشتا ئېيتىپ ئۆتكىمىمىزدەك، ھۇنلارنىڭ
تاشقى سىياسىتىدە شەرقىي رىمگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ ۋە زەئىپلەشتۈرۈپ،
ئاخىرى يوقىتىش بەلگىلەندى. شۇڭىلاشقا، ھۇنلار بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىچە
بولغان ئارلىقتا شەرقىي رىمدىن كۆپىرەك نەپ شىلىۋېلىپ، ئۇنى ھالسىرتىپ،
ئاخىرى ھەربىي كۈچ ئىشلەتمەيلا يوقىتىشنى كۆڭىلىگە پۈكۈپ قويغانىدى.
شەرقىي رىم بۇنچىلىك ئېغىر باجنى تاپشۇرۇشتا زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ
كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مىلادىيە 447-يىلى شەرقىي رىم تەۋەسىدە قاتتىق يەر
تەۋرەپ، ئېغىر ۋەيرانچىلىقلار كېلىپ چىقان. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش
ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ تۆت ئاي داۋاملاشقان. شۇڭا، مىلادىيە 447-يىلى
تىئودۇرۇس ھۇنلارغا تاپشۇردىغان ئالتۇننى تاپشۇرالماي قالىغان. بۇنى باھانە
قىلغان ئاتتىلا شۇ يىلى بالقانغا ئىككىنچى قېتىم يۈرۈش قىلغان. بۇ قېتىم
ئاتتىلا شەرقىي رىمنىڭ 70 دىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك شەھەرلەرنى ئىگىلەپ،
ئارقىدىن كونسىتانتىنىپولنى قاتمۇقات مۇھاسىرگە ئالغان. مۇشۇ چاغدا ئاتتىلا
مۇھاسىرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شەھەر ئىچىگە بېسىپ كىرىدىغانلا بولسا، شەرقىي
رىم شۇ ھامان شەرتسىز تەسلىم بولغان بولاتتى. لېكىن، ئاتتىلا ئۇنداق
قىلمىدى. ئۇ يەنە تىئودۇرۇس نىڭ كېلىشىم تۈزۈپ تىنىچلىق ئورنىتىش تەلىپىنى
قوبۇل قىلىپ، شەرقىي رىمگە يەنە بىر قېتىم ھاياتلىق پۇرسىتى بەردى.
تىئودۇرۇس ئاتتىلانىڭ دېگىنى بويىچە، دوناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىن بەش
كۈنلۈك مۇساپىدە كېلىدىغان كەڭرى بىر جاينى ھۇنلارغا بۆلۈپ بەردى.
ھۇنلارنىڭ ھەربىي چىقىمى ئۈچۈن 600 لىرا ئالتۇن تۆلىدى ھەمدە يىللىق باجنى
2100 لىرا ئالتۇندىن ئۈچ ھەسسە كۆپەيتىشكە قوشۇلدى①.
ئىبراھىم كافەس ئوغلو: «12-ئەسىرگە قەدەر ئىستانبۇلنىڭ تۈركلەر تەرپىدىن
مۇھاسىرە قىلىنىشى»، «ئىستامبۇل ئىنىستېتوتى ژۇرنىلى»، تۈركچە، 1957-يىلى
3-سان1-، 6-بەتلەر
شەرقىي رىم ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر كېلىدىغىنى ھۇنلارغا يىللىق باجنى تاپشۇرۇش
بولدى. بۇنچىلىك كۆپ ئالتۇننىڭ چىقىم قىلىنىشى دۆلەت مالىيىسىنى قۇرۇقداپ
قوياتتى. ئېمپېراتور تىئودۇرۇس بېشى قېتىپ، قانداق قىلىشنى بىلمەي تۇرغان
بىر پەيىتتە، باش ساراي خادىمى كىرساپخىئوس ئاتتىلادىن قۇتۇلۇشنىڭ
چارىىسىنى ئويلاپ تاپقان. يەنى ئۇ ئاتتىلانى ئۆلتۈرۈش چارىسىنى ئوتتۇرغا
قويغان. كىرساپخىئوس ئاتتىلانىڭ ئەلچىسى ئەدەقۇنغا پارە بېرىش ئارقىلىق،
ئۇنىڭ بۇ ئىشقا ياردەم قىلىشنى ئۆتۈنگەن. ئەدەقۇن ئۇنىڭغا يالغاندىن
سېتىلغان. بۇ سۇيقەستنى ئورۇنداش ئۈچۈن، كىرساپخىئوس ئاتتىلاغا تۇنۇشلۇق
بولغان ماكسىمىنوسنىڭ باشچىلىقىدا، تارخچى پىرسكوسمۇ قاتناشقان بىر
ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئاتتىلانىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىرگە 448-يىلى ھۇنلانىڭ
پايتەختىگە ئەۋەتكەن. ئاتتىلانى ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى بىگىلا ئىسىملىك بىر
ئۈستىگە ئالغان. بۇنى پەقەت تەرجىمان ۋىگىلاس بىلەتتى. قالغانلارنىڭ بۇ
ئىشتىن زادى خەۋىرى يوق ئىدى. ئەلچىلەر يېتىپ كېلىشى بىلەنلا ئەدەقۇن
سۇيقەست پىلانىنى ئاتتىلاغا مەلۇم قىلغان. قاتتىق غەزەپلەنگەن ئاتتىلا
بىگىلانى ھۇن ئەدىليە ھەيئىتىنىڭ ئالدىدا سوراققا تارتىپ، جىنايىتىنى
ئىقىرار قىلدۇرغان. ئاتتىلا شۇ مەيداندا ئۇزۇن بىر نۇتۇق سۆزلىگەندىن
كېيىن: «ئەگەر كەچۈرمەيدىغان بولسام سىلەرنى ھۇنلانىڭ ئادىتى (قانۇنى)
بويىچە دالىغا ئېگىز موما ياغىچى تىكىپ، موما ياغاچنىڭ ئۇچىغا يالىڭاچ
باغلاپ قۇيۇپ، ياۋايى يىرتقۇچ قۇشلارغا يەم قىلىپ بېرىپ جازالايتىم.» دەپ
ئەلچىلەرگە ھۇنلارنىڭ قانۇنىنى تۇنۇتۇپ، ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغان.
شەرقىي رىمنىڭ سۇيقەسىت پىلانى بەربات بولغاندىن كېيىن، ئاتتىلا دەرھال
ئۆزىنىڭ ئىككى ئەلچىسى ئارقىلىق تىئودۇرۇس گە ناھايتى ھاقارەتلىك سۆزلەر
بىلەن تولغان بىر مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئۇنڭدىن كىرساپخىئوسنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ
كاللىسىنى ھۇنلارنىڭ پايتەختىگە ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. قورقۇپ
كەتكەن تىئودۇرۇس مىلادىيە 449-يىلى كىرساپخىئوسنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ
كاللىسىنى ئاتتىلاغا ئەۋەتىپ بەرگەن. شۇنداق قىلىپ، كىرساپخىئوسنىڭ
ئاتتىلانى ئۆلتۈرۈش سۇيقەستى، ئەكسىنچە ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرلۈشىدەك ئېچىنىشلىق
پاجئە بىلەن ئاخىرلاشقان.
بىر ئۆمۈر ھۇنلار ئۈچۈن ئېغىر مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆتەپ خورلۇق ئىچىدە ياشىغان
تىئودۇرۇس مىلادىيە 450-يىلى ھەسرەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. تىئودۇرۇس
مىلادىيە 422-يىلى تۆت ياش ۋاقتىدا شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تەختىگە
چىققان. ئۇدا ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى ھۇنلارغا قارام
بولۇپ قېلىپ، نۇمۇسلۇق كۈنلەرگە دۇچار بولغانىدى. بولۇپمۇ ئاتتىلا ھۇن
ئېمپىراتورى بولغاندىن كېيىن شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە
ئاھانەتلىك كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. ئۆزىنىڭ نۇرغۇن زىمىنىنى ھۇنلارغا
تارتقۇزۇپ قويغان ھەتتا، تارىخ سەھنىسىدىن غۇلاپ چۈشۈشكە تاس قالغان. پەقەت
نۇرغۇن بەدەل تۆلەش ھېسابىغا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان.
تىئودۇرۇس ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ماركىنوس تەخىتكە چىققان.
ئاتتىلا بۇ يېڭى ئېمپىراتورنى تىنىچلىق كېلىشىمى بويىچە تېگىشلىك باجنى
تاپشۇرۇشقا قىستىغان. ماركىنوس باج تاپشۇرۇش ئورنىغا قولىغا قورال ئېلىپ،
ھۇنلار بىلەن ئۇرۇش قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماركىنوسنىڭ بۇ قىلمىشىدىن
غەزەبلەنگەن ئاتتىلا شەرقىي رىمنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىشنى قارار
قىلىپ، شەرقىي رىم ئۈستىگە جىددى يۈرۈش قىلۋاتقان چاغدا، ئۇ ماركىنوسنى چوڭ
سۆزلەتكەن كۈچنىڭ غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ئىكەنلىكىنى سېزىپ قالغان. شۇنىڭ
بىلەن، ئاتتىلا شەرقىي رىم بىلەن غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەربىي كېلىشىم
تۈزىۋېلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن، نىشانىنى بىردىنلا غەربىي رىم
ئىمپېرىيىسىگە يۆتكىگەن. شەرقىي رىم بىلەن كېيىن ھېسابلاشماقچى بولغان.
4. ئاتتىلا ۋە غەربىي رىم ئېمپىرىيسى
باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ھۇنلارنىڭ
ئىتتىپاقچىسى ئىدى. لېكىن، ئاتتىلا دەۋرىگە كەلگەندە بۇ خىل ئىتتىپاق نامدا
بار، ئەمەلدە يوق ھالغا چۈشۈپ قالغان. شۇ دەۋرىدىكى ياۋروپا دۇنياسىدا
ئاتتىلا «تەڭرى قامچىسى»، ئۇ گۇناھقا تولغان خىرىستىئان دۇنياسىنى جازالاش
ئۈچۈن، تەڭرى تەرپىدىن يەر يۈزىگە ئەۋەتىلگەن، ئاتتىلانىڭ قولىدىكى قىلىچ
ئۇرۇش تەڭرىسى ئارس(«يۇنان ئەپسانىلىرى ۋە رىۋايەتلىرى»دىكى جەڭ
تەڭرىسى-م.) قىلىچى بولۇپ، تەڭرى ئۇنى ئاتتىلانىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇشى
ئۈچۈن ئۇنڭغا بەرگەن، دېگەنگە ئوخشاش رىۋايەتلەر كەڭ تارقالغانىدى. ھەتتا،
بۇ رىۋايەتلەرگە ئاتتىلانىڭ ئۆزىمۇ ئىشەنگەن. شۇڭا، پۈتۈن دۇنيانى ئۆز
قولىغا كىرگۈزۈشنى ئويلايدىغان ئاتتىلا ئۆزىنىڭ يېنىدا غەربىي رىم
ئىمپېرىيىسىدەك چوڭ بىر دۆلەتنىڭ بولىشىنى ئەسلا خالىمايتتى. ئۇ،بۇ دۆلەتنى
ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش كېرەك،دەپ قارايتتى. ئاتتىلا بۇ پىلاننى ئەمەلگە
ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مىلادىيە 439-يىلىدىن باشلاپ غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىگە
قاراتقان تاشقىي سىياسىتىنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭغا بېرىدىغان
ياردەمنىمۇ كېمەيتكەن. ئاتتىلا يەنە مىلادىيە 443-يىلى گاللىيە (ھازىرقى
پولشا، فىرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىر
قىسىمى)دىن، تاكى ئىسپانىيىگىچە بولغان جايلاردا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ
غەربى رىم ئىمپېريىسىگە قارشى قوزغىلىڭىنى قوللاپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ
رەھبىرنى پاناھىغا ئالغان. ئاتتىلا شەرقىي رىمگە قانداق ئېغىر شەرتلەرنى
قويغان بولسا، غەربىي رىمگىمۇ شۇ خىلدىكى شەرتلەرنى تاڭغان. مەسىلەن،
سىلۋانۇس ئىسىملىك بىر رىملىق ئالتۇن- كۆمۈش سودىگىرى ھۇنلار ئىشغال قىلغان
سىرىئوم شەھىرىنىڭ ئېپىسكوپى ئارقىلىق ئاتتىلانىڭ كاتىپى كونستانتىنوستىن
دىنىي مۇراسىملاردا ئىشىلتىدىغان ئالتۇن قاچا-قۇچىلارنى ئارىيەتكە ئالغان.
كېيىن، قايتۇرۇش ۋاقتى توشقاندا، ئۇ بۇ ئالتۇن قاچا-قۇچىلارنى ئىتالىيلىك
بىر سودىگەرگە سېتىۋەتكەن. ئاتتىلا سىلۋانوسنى ئوغرىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزدى،
دەپ قاراپ، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىدىن ئۇنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى،
بولمىسا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
ئاتتىلا يەن بىر تەرەپتىن ھۇنارىيا مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئوتتۇرغا
قويغان. غەربىي رىمنىڭ ھۇنارىيا ئىسىملىك بىر مەلىكىسى بار بولۇپ، ئۇ
ئېمپىراتور ۋالىنتىنوس نىڭ سىڭلىسى ئىدى. كېيىن ھۇنارىيانىڭ باللىرى بىلەن
ۋالىنتىنوس نىڭ ئوتتۇرسىدا تەخىت تالىشىش داۋاسىنىڭ پەيدا بولۇپ قالماسلىقى
ئۈچۈن، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر ھۇنارىيانىڭ توي قىلىشىنى چەكلىگەن. ھۇنارىيا
ئاتتىلا يېڭىدىن تەخىتكە چىققان چاغدا، ئاتتىلانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش
ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر توي ئۈزۈكى ئەۋەتىپ ئۆزنىڭ ئاتتىلا بىلەن توي قىلىش
نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما، ئاتتىلا مەلىكە ھۇنارىيانىڭ بۇ
تەلىپىگە جاۋاپ بەرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش ئاستا-ئاستا بېسىقىپ قالغان.
كېيىن ھۇنارىيانىڭ سارايدىكى بىر ئەمەلدار بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى
سېزىلىپ قېلىپ، ئانىسى پىلاكىرىيا ھۇنارىيانى ئاۋال شەرقىي رىم ئوردىسىدا،
كېيىن غەربىي رىمنىڭ ئوردىسدا نەزەربەند قىلغان. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان
ئاتتىلا، ھۇنارىيانى ئۆزىنىڭ ئالماقچى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بولغۇسى بۇ
خانىشنىڭ ئازاد قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، غەربىي رىمگە ئەلچى ئەۋەتكەن.
ئاتتىلا ئەلچىلەر ئارقىلىق ھۇنارىيانىڭ مىراسى سۈپىتىدە غەربىي رىم
ئىمپېرىيىسى زىمىنىنىڭ يېرىمىنى ئۆزىگە بۆلۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ئاتتىلانىڭ بۇ تەلپىنى رەت قىلىپ، ھۇنارىيانى باشقا
بىرىگە ياتلىق قىلىۋەتكەن①. ئاتتىلانىڭ مانا مۇشۇنداق ئېغىر شەرتلەرنى
ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق، غەربىي رىمگە قارىتا قوراللىق ھەرىكەت قوزغاشقا
باھانە ئىزدەۋاتقانلىقى غەربىي رىم ئوردىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە مەلۇم
ئىدى.
ھۇنلار غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنى بىر قانچە قېتىم خەتەرلىك كۈندىن
قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بولغاچقا، بۇنىڭ بەدىلگە غەربىي رىم ئېمپرىيىسى ھۇنلارغا
يىللىق باج تاپشۇراتتى. ئاتتىلا بىلەن دەۋرداش بولغان غەربىي رىم قوماندانى
ئائىتوس ھەر ۋاقىت بۇنداق ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايتتى. ئۇ ھامان بىر
كۈنى ئاتتىلانىڭ ھۇجۇم قىلىپ كىردىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ غەربلىكلەر
تەرپىدىن ئاتالمىش ۋار-ۋار②دەپ ئاتالغان مىللەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى
ياخشىلاپ، ئۇلاردىن تەشكىل قىلغان مۇئاشلىق ئەسكەرلەر ئارقىلق، ھۇن
ئۇسلۇبىدا ئاتلىق قۇشۇن تەربىيلىگەن ھەمدە ھۇن ئىمپىېرىيىسى تەۋەسىدىكى
بەزى مىللەتلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۇلارنى ئاتتىلاغا قارشى ئېسىيان
كۆتۈرۈشكەن كۈچكۈرتكەن. دېمەك، ھۇنلار بىلەن غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى بىر-
بىرگە قوراللىق ھەرىكەت قوللىنىشقا خېلىدىن بېرى تەيارلىق قىلىشقانىدى.
مۇشۇ چاغدا غەربىي رىم قۇشۇنىنىڭ تەركىبىمۇ مۇرەككەپ ئىدى. غەربىي رىم
قۇشۇنى ئىچىدىكى غەربىي گوتلار يالغۇز ئۆز ئالدىغا ھۇنلار بلەن
تىركىشەلىگۈدەك كۈچكە ئىگە ئىدى. ئاتتىلا غەربىي گوت قۇشۇنىنى پاچاقلاپ
تاشلىغاندىلا، غەربىي رىم قۇشۇنىنى ئاسانلا بىر تەرەپ قىلغىلى
بولدىغانلىقىنى ئوبدان چۈشىنەتتى. شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن رىم قۇشۇنى بىلەن
غەربىي گوتلار ئارىسىدىكى كۈچلۈك زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، رىملىقلار بىلەن
غەربىي گوتلانى بىر-بىردىن ئايرىپ تاشلىماقچى بولغان. ئۇ پىلانىنى سەزدۈرۈپ
قويماسىلىقى ئۈچۈن، غەربىي رىم ئىمپېراتورى ۋالىنتىنوسقا غەربىي گوتلار
ئۈستىگە يۈرۈش قىلدىغانلىقىنى، غەربىي گوتلارغا بولسا گاللىيەدىكى رىم
بۇيۇنتۇرۇقىنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن يۈرۈش قىلدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ھەقىقەتەن ئاتتىلا مىلادىيە 451-يىلى 1-ئايدا، 200 مىڭ كىشلىك قۇشۇن
بىلەن غەربكە يۈرۈش قلغان. يۈرۈش جەريانىدا ئۇ دوناي دەرياسى بويىدىكى
غەربىي رىم شەھەرلىرى ۋە ئىستېھكاملىرىنى ۋەيران قىلىپ ئۆتكەن ھەم بۇ
ئەتىراپتا ياشايدىغان ھەر قايسى گېرمان قوۋملىرىدىن ئەسكەر ئېلىپ،قۇشۇنىنىڭ
سانىنى 500 مىڭغا يەتكۈزگەن③ئاتتىلا
مۇشۇ قېتىمقى يۈرۈشكە ئاتلىندىغان چاغدا ناھايتى تەنتەنىلىك نۇتۇق سۆزلەپ
مۇنداق دېگەن: «بىز يات مىللەتلەر ئۈستىگە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتىمىز.
مىللىتىمىزنىڭ ھەيۋەتلىك نامى ئۇلارنى قۇرقۇتۇپ تىتىرتىدۇ. ئېھتىمال بىز
ئۆلۈپ كېتىشىمىزمۇ مۇمكىن. لېكىن، ئاسمان-زېمىننى زىل-زىلگە كەلتۈرگەن
ئىشىمىز مەڭگۈ ياشنايدۇ. بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدۇ.»
شۇ
يىلى 3-ئايدا ئاتتىلا رەھبەرلىكىدە ھۇن قۇشۇنى رىيىن دەرياسىنى كېسىپ
ئۆتۈپ، فىرانسىيىدىكى مىتزى ۋە رىيمسى قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان.
ئارقىدىن پارىژنىڭ يېنىدىكى ئورلېئان شەھىرگە قىستاپ كەلگەن. ئاتتىلا مۇشۇ
جايدا غەربىي گوتلارنى مەغلۇب قلىپ، ئاندىن غەربىي رىم قۇشۇنىنى
يوقاتماقچى. لېكن، ئائىتوس قوماندانلىقىدىكى 600 مىڭ كىشلىك غەربىي رىم
قۇشۇنى ئاتتىلانىڭ كەينىدىن بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن، ئاتتىلار دەرھال
كاتالونىيە تۈزلەڭلىكى (گوت –ئالان تۈزلەڭلىكى)گە چېكىنىپ، ئەسكەرلەرنى
سەپكە ئۇرۇنلاشتۇرغان. غەربىي گوتلار دەسلەپتە ئۆزىنىڭ بىتەرەپ ئىكەنلىكىنى
ئېلان قىلغان. كېيىن ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، غەربىي رىم تەرەپتە تۇرغان.
كاتالونىيە تۈزلەڭلىكى (فىرانسىيە)دە ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز قۇشۇنىنى
شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ ئۈچ سەپ بويىچە ئۇرۇنلارشتۇرغان.
ئائىتوسنىڭ باش قوماندانلىقىدىكى غەربىي رىمنىڭ ئەسىلى قۇشۇنى فىرانىك
پادىشاھى مىروۋىخ قۇماندانلىقىدىكى قۇشۇنى بىلەن شىمالىي سەپ بۇلۇپ
ئۇيۇشقان. شىمالىي سەپنىڭ يېنىدا مۇداپىئەلىنىشكە ئەپىلىك بىر ئىگىزلىك بار
ئىدى. ئوتتۇرا سەپنى سانگىيان قوماندانلىقىدىكى ئالان قۇشۇنى تەشكىل
قىلغان. جەنۇبىي سەپكە تىئودورۇك قۇماندانلىقىدىكى غەربىي گوت قۇشۇنى
قۇيۇلغان.
ئاتتىلانىڭ قۇشۇنى تەرەپتە بولسا، غەربىي رىم ئۇرۇش سېپىنىڭ ئەڭ ئاجىز
نوقتىسى بولغان ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئالان قۇشۇنىغا، ئاتتىلا ئۆزى بىۋاستە
قۇماندانلىق قىلغان ھۇن ئاتلىق قىسىمى ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان. شىمالىي سەپكە
ھېرۇللار، كۇئادلار قاتارلىق گىرمان قۇۋىملىردىن تەشكىل قىلغان قىسىم
قۇيۇلغان. جەنۇبىي سەپتە غەربىي گوتلارغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىپ، ۋالامىر
رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي گوت قۇشۇنى قۇيۇلغان. مانا بۇ دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ
مەشھۇر ئۇرۇشلارنىڭ بىرى ھېسابلانغان ــ كاتالونيا ئۇرۇشىنىڭ
ئىستىراتىگىيلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىدى④.
كاتالونىيە ئۇرۇشى مىلادىيە 451-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى يۈز بەرگەن. ئۇرۇش
ساق بىر سوتكا داۋاملاشقان. ئۇرۇش باشلىنىشى بىلەنلا ئاتتىلا جەنۇبىي ۋە
شىمالىي سەپنى مۇداپىئەگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى غەربىي رىمنىڭ ئاجىز نوقتىسى
بولغان ئوتتۇرا سەپكە- ئالانلار ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق
مەغلۇب قىلغان. غەربىي رىمنىڭ جەنۇبىي سەپ قۇشۇنىمۇ قاتتىق مەغلۇبىيەتكە
ئۇچىراپ، قۇماندان تىئودورۇك ئۆلگەن. كەچ كىرگەن چاغدا غەربىي رىمنىڭ
ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي سەپتىكى قوشۇنى چېكىنىپ كەتكەن. بۇ چاغدا باش قوماندان
ئائىتوسمۇ ھۇنلارنىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قېلىپ، ناھايتى تەسلىكتە قۇتۇلۇپ
چىققان. ئائىتوس ھۇنلارنىڭ مۇھاسىرىسىدىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن، ئەتىسى
ئەتىگەندە غەربىي رىم قوشۇنىنى باشلاپ چېكىنىپ كەتكەن. غەربىي رىم
قوشۇنىنىڭ چېكىنگەنلىكىنى كۆرگەن ئاتتىلامۇ قىسىملىرىنى باشلاپ، 20 كۈن
ئىچىدە ئۆز پايتەختىگە قايتىپ كەلگەن. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش شۇنداق دەھشەتلىك
بولغانكى، سىنا دەرياسىنىڭ سۈيى ئادەمنڭ مەيدىسىگە كەلگۈدەك چوڭقۇرلۇقتا
قانغا تولۇپ ئاققان. ئۇرۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن 300 مىڭ ئادەم ئۆلگەن.
بەزى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئەسكەرلەرنىڭ روھى ئۈچ
كېچە-كۈندۈز ئۇرۇشقانمىش⑤.
بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا غەلبە ئاتتىلاغا مەنسۇپ بولغان. مىلادىيە 5-ئەسىردە
ياشىغان پىروستىرپىرونىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئائىتوس ئېمپىراتور
ۋالېنتىنوسقا ئۆزىنىڭ ھۇنلارغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنىڭ
بەدىلگە ئىتالىيدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنى ھۇنلارغا بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ۋالېنتىنوس بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ، ئۇنى مەجبۇرىي ئۇرۇشقا سالغان. ئائىتوس
ئۇرۇشتا ئىنتايىن باتۇرلۇق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كۈچلۈك
ھۇنلارغا تەڭ كېلەلمگەن.
كاتالونىيا ئۇرىشىدا ئائىتوس مەغلۇپ بۇلۇپ چېكىنگەن. ئاتتىلامۇ ئۇرۇشتا
نۇرغۇن قۇشۇنىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىماي غەربىي رىم
بىلەن قايتا بىر قېتىم ھېسابىلىشىشنى ئويلاپ، ئۆز پايتەختىگە قايتقان.
مىلادىيە 452-يىلى ئاتتىلا100مىڭ كىشلىك قۇشۇن بىلەن ئىككىنچى قېتىم غەربىي
رىم ئۈستىگە يۈرۈش قىلغان. ئاتتىلا بۇ قېتىمقى يۈرۈشىدە ئالدىغا ئۇچىرغان
تۇنجى شەھەرئاچىئويلانى قاتتىق ۋەيران قىلپ، ئۇنى يەر بىلەن يەكسان
قىلۋەتكەن. ئارقىدىن ئىتالىيىدىكى مىلان ۋە پاۋىيان قاتارلىق شەھەرلەرنى
ئىگەلەپ، ئۇدۇل رىم شەھىرگە قىستىپ بارغان. قاتتىق قورقۇپ كەتكەن رىم
ئىمپېرىيىسى، ئەينى ۋاقىتىكى خىرىستىئان دىنىي دۇنياسىنىڭ مەنىۋىي داھىيسى
پاپا لېئو 1 باشچىلىقدا، ئۈچ كىشلىك بىر ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئاتتىلانىڭ
ئالدىغا ئەۋەتكەن. پاپا لېئو1 غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ۋە پۈتكۈل خرىستىئان
دىنىي دۇنياسى نامىدىن ئاتتىلا بىلەن سۈلھى تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ۋە
ھەرقانداق شەرتىنى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بۈلدۈرگەن. بۇ چاغدا ئاتتىلانىڭ
يېقىن كىشلىرمۇ رىمنىڭ قەدىمى مەدىنىيەت مەركىزى ئىكەنلىكىنى، ئاتتىلانىڭ
مەدەنىيىتىنى ھىمايە قىلغۇچى كىشى بولغاچقا، بۇ شەھەرنى ۋەيران قىلماي بۇ
شەھەرنى ساقلىپ قېلىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئاتىلامۇ بۇ پىكىرنى توغىرا
تاپقان. شۇڭا ئاتتىلا غەربىي رىمنىڭ تەسىلىم بولغانلىقىنى پاپا لىئو 1 گە
ئېتىراپ قىلدۇرۇش شەرتى بىلەن، ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. كېلىشىم
بويىچە، غەربىي رىم ھەر يىلى ھۇنلارغا تاپشۇردىغان 700 لىرا ئالتۇننى، 2100
لىرا ئالتۇنغا كۆپەيتكەن.شۇنداق قلىپ، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىمۇ ھۇنلارغا
قارام بۇلۇش ھالىتى بىلەن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان.
5.
ئاتتىلانىڭ ئۆلۈمى
ئاتتىلا مىلادىيە 453-يىلى ئىراندىكى ساسانىيلار سۇلالىسى ئۈستىگە يۈرۈش
قلىماقچى بولغان. ئاتتىلا ئىرانغا يۇرۇش قىلىشتىن بۇرۇن غەربىي رىمنىڭ بىر
مەلىكىسىگە ئۆيلەنگەن. پىرىسكوس ۋە جوردانىسنىڭ مەلۇماتىغا قارغاندا،
ئاتتىلا توي كېچىسى بۇرنى قاناپ ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئاتتىلادىن يۈز يىلى كېيىن ياشىغان جوردانىسنىڭ خاتىرلىشچە، ئاتتىلا
ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ھۇنلار كاتتا مۇراسىم ئۆتكۇزگەن. بۇ ھەقتە
جوردانىس مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئاتتىلانىڭ جىنازىسى خان سارىيىنىڭ ئالدىدىكى
يىپەك چىدىر ئىچىگە قويۇلغاندى. ماتەم مۇراسىمى ھۇنلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ باتۇ
يىگىتلەرنىڭ قېلىچۋازلىق قلىشى بىلەن باشلاندى. ھۇن شائىرلىرنىڭ ئاتتىلاغا
ئاتاپ قايغۇلۇق مەرسىيەلەرنى ئوقۇدى.»جوردانىس ھۇن شائىرلىرىنڭ
مەرسىيەلىرىنى مۇنداق بايان قىلغاندى:«ھۇنلانىڭ ئەڭ بۈيۈك خانى، مۇنجۇقنىڭ
ئوغلى، ئەڭ جەسۇر مىللەتنىڭ ھۆكۇمدارى ئاتتىلا ئۆزىدىن بۇرۇم ھېچكىمدە
كۆرۈلۇپ باقىمىغان كۈچ- قۇدىرەتكە ئىگە ئىدى. ئۇ ئۆز ئالدىغا پۇتۇن سىكتىيە
ۋە گىرمان دۆلىتىنى بويسۇندۇردى. بىر قانچە يۇز شەھەرنى ئىگەلىدى. ھەر
ئىككى تىم ئىمپېرىيسىنى قاتتىق قورقىتىپ، ئۆزىگە باج تاپشۇرۇشقا مەجبۇر
قىلىدى. مانا بۇ غەلبىلەرنىڭ ھەمىسى بەخىت- تەلەينىڭ ئالاھىدە ئىلتىپاتى
ئىدى. ئاتتىلا دۈشمەنىڭ زەربىسى ياكى ئۆز ئادەملىرنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن
ئەمەس، بەلكى توي كېچىسىدە گىگانت مىللەتنىڭ ئىچىدە ئاغىرىق ئازابىغا
گىرىپتار بولماسىتىن ئالەمدىن ئۆتتى. ھەممە ئادەم قايغۇغا چومگەن بۇ
ئۈلۈمنى كىممۇ ئۈلۈم ھېسابلىسۇن.
ئاتتىلانىڭ ماتەم مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىدى
ئالتىۇن، كۆمۇش ۋە تۆمۇردىن ئۈچ قات قىلىپ ياسالغان ساندۇقنىڭ ئىچىگە
سېلىنغان. ھۇنلار بىردەريانىڭ (قايسى دەريا ئىكەنلىكى نامەلۇم) سۈيىنى
ۋاقتىنچە باشقا يۆنىلىشىگە ئاققۇزۇپ، ئۇنىڭ ئاستىنى چوڭقۇر كولاپ، ئۇ يەرگە
ئاتتىلانىڭ جەسىدى سېلىنغان ساندۇقنى كۆمگەن. ئاتتىلا كۆمۈلگەن جاينى
مەڭگۈ مەخپىي قىلىش ئۈچۈن، ئاتتىلانى يەركىكىنى كولىغان كىشلەر ئوقيا بىلەن
ئېتىپ ئولتۈرلۈپ، ئاتىلانىڭ يېنىغان كۆمۇۋېتىلىگەن. ئۇنىڭدن كېيىن
ھۇنلار دەريانى ئەسىلى قېنى بويىچە ئاققۇزغان.
كېيىنىكى كىشلەر ئاتتىلا كۆمۇلگەن جاينى ھۇنگىريە، رۇمىنيە، ئاۋستىريە،
پولشا، ئىتالىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىزدىدى. بۇ يەردە شۇنى
ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۇشكە توغىرا كېلىدۇكى، مىلادىيە 1799-يىلى
رومىنىيىنىڭ بانا رايۇنىدىن ئېقىپ ئۆتۇدىغان تىمىس دەريانىڭ ئارانكو
دەرياسىغا قۇشۇلدىغان يېرىدىكى نود سەنتىمىكلوس دېگە جايدىن قەدىمكى بىر
دەپنە بۇيۇملىرى تېپىلغان. بۇ دەپنە بۇيۇملىرى ئالتۇن- كۆمۇشتىن ياسالغان
قاچا-قۇچىلاردىن ئىبارەت بۇلۇپ، بۇ نەرسىلەر تۆمۈر ساندۇقنىڭ ئىچىدىن
تېپىلغان. ئالتۇق قاچا- قۇچۇلارنىڭ ئۈستىگە «ئۇرخۇن-يېنسەي يېزىقى»دا خەت
ئۇيۇلغان بۇلۇپ، بۇ دەپنە بۇيۇمىلىرىنى رىملىق ئىككى سودىگەر ھۇنگىريەگە
ئېلىپ كەلگەندى. ھازىر بۇ بۇيۇيۇملار ۋىنا موزىېيىدا ساقلانماقتا.
ھۇنگىرلار ھازىرغا قەدەر بۇ بۇيۇملارنى ئاتتىلا بىلەن بىرگە كۆمۇلگەن دەپنە
بۇيىمىلىرى، بۇ نەرسە تېپىلغان جاينى ئاتتىلانىڭ مازىرى، دەپ قاراپ
كەلمەكتە.
لېكىن يەنى بەزى ئالىملار بۇ دەپنە بۇيۇملىرىنى پەچىنەكلەرگە مال قىلىدۇ.
6.ئاتتىلا قانداق كىشى؟
ياۋرۇپا ھۇن ئىمپىرىيسىنى بالەمبەر قورغان، يىلدىز ۋە رۇگا ھۇن
ئىمپېرىيسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئاساس سالغان. ئاتتىلا ئۇنى مىسىلىسىز دەرىجىدە
قۇدىرەت تاپقۇزغان. شۇڭا، ياۋرۇپا ھۇنلىرى «ئاتتىلا ھۇنلىرى» دەپ ئاتالسا،
ياۋرۇپا ھۇن ئىپېرىيسى«ئاتتىلا ئىمپېرىيسى دەپ ئاتىغان. ئاتتىلا دەۋىردە بۇ
ئىمپېرىيىىنىڭ زېمىنى شىمالدا بالىتىق دېڭىزدىن، جەنۇپتا دۇناي
دەرياسىغىچە، غەرىپتە ئاتلارنتىك ئوكياندن، شەرىقتە بالقىش كۆلى ھەتتا،
ئالتاي تاغلىرغىچە سۇرۇلغان بۇلۇپ. ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا قىتەسىگە كەڭەيگەن
ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلاندى.
قەدىمكى بىر خىرىستىئان دىنى ھۆججىتىدە ئاتتىلانىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ
ئوتۇرسىغا بېشىدا تاجىسى بار بۈركۈتنىڭ سۈرۈتى چۈشۈرۈلگەن،ئاق رەڭلىك توت
چاسا يىپەك بايراق ئىكەنلىكى خاتىرلەنگەن.①
ھۇن ئىمپىېرىيىسى تۇركى تىلىق مىللەتنىڭ ياۋرۇپادا قۇرغان تۇنجى ئىمپېرىيسى
بۇلۇپ ھېسابىلىندۇ. بۇ مەزگىلدە ھۇنلار ئۆزىنىڭ ئىلغار مەدەيىيىتى ۋە
مۇكەمەل ھەربىي تەشكىلى تۇزۇمىنى ياۋرۇپاغا تۇنۇتتى ۋ تارقاتتى. شۇنىڭدىن
ئىتىبارەن رىملىقلا ئۆز قۇشۇنىنى ھۇن ئۇسۇلى بۇيۇچە يەنى «ئونلۇق
سىستېىمىسى» بۇيىچە تەشكىلاتلاندۇرىدىغان بولدى ھەمدە ئوقيا رىم
ئەسكەرلىرىنىڭ ئاساسلىق قۇرالىغا ئايلاندى.رىملىقلار كۆڭلەك كىيىشنى
شۇنىڭدىن باشلاپ ھۇنلاردىن ئۆگەندى. بۇ ھەقتە ف.گىرىناد:«ئاسىيانىڭ
ئۈستۈنلىكى ۋە چۈشكۈلىكى»دېگەن ئەسىرنىڭ 12-بېتىدە:«شۇ زامانغىچە،
ياۋرۇپالىقلارغا مامەلۇم بولغان كۆڭلەك، ئات جابدۇقلىرى، ھۇنلارنىڭ ئاتنى
ئىگەرلەش ئۇسۇلى،ھەربىي ۋە ئاتلىق قۇشۇنغا دائىر نۇرغۇنلىغان مەلۇماتلار،
كۆپلىگەن جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلار ھۇنلاردىن قۇبۇل قىلىنغاندى»، دەپ
كۆرسەتكەن.
ھۇنلار ئاسىيادا قاتىق قۇرغاقچىلىق، سىياسى ۋە ھەربىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن
ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىراپ، چىقىش يولى ئىزدىگەن تۈركىي تىللىق
مىللەتلەرنىڭ ياۋرۇپاغا كۆچۈپ بېرىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن
900 يىلى داۋامىدا ئاۋارلار، ئوغۇرلار (ئۇيغۇرلار) ھازارلار، سابىرلار،
پەچىنەكلەر، ئوغۇزلار ۋە قۇمان- قىپچاق قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر
ياۋرۇپاغا كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەردە دۆلەت قۇرۇپ، ئۆزلىرنىڭ مەدەنىيىتىنى
تارقىتىپ، ياۋرۇپانىڭ سىياسى ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان.
ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپادا پەيدا بۇلۇشى، ياۋرۇپادا ياشايدىغان نۇرغۇن
مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك ئۆزگەرتىۋەتكەن. بالەمبەر ۋە يىلدىزنىڭ ئېلىپ بارغان
ھەربىي يۇرۇشلىرى، ياۋرۇپادا مىللەتنىڭ ئىككى قېتىملىق چوڭ كۆچۈشىنى پەيدا
قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپا مىللەتلىرنىڭ ئۆز- ئارا قۇشۇلۇشى تېزلىشپ،
ھازىرقى نۇرغۇن مىللەتنىڭ ئېتنىك ئاساسى شەكىلەنگەن.
ئاتتىلا ئەينى ۋاقىتتاشەرقىي ۋە غەربىي رىم ئىمپىېرىيسىگە كەينى-كەينىدىن
ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ سىياسى ۋەھەربىي جەھەتە قاتتىق
ھالسىرتىۋەتتى. ئۇلارنى يۇقىرى نىسبەتە باج تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلىپ،
مالىيە جەھەتە ئېغىر كىرزىسقا دۇچار قىلىدى. رىم ئىمپېرىيسى ئۆزىنىڭ مالىيە
چىقىمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنى قارام خەلقلىرى ئۈستىدىكى ھۆكىمرانلىقىنى
كۈچەيتىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن رىم ئىمپېرىيسگە قارشى ھەر قايسى جايلاردا
كەينى-كەينىدىن قوزغىلاڭ پاتىلىدى. ئاتتىلا بۇ قوزغىلاڭنى قولىدى.
ئاتتىلارنىڭ ھەربىي ھۇجۇمى ئاستىدا ھالسىرغان غەربىي رىم ئىمپېرىيسى قارام
خەلق ۋە قۇللا قوازغىلىڭنىڭ ئوت يالقۇنى ئىچىدە، مىلادىيە 476-يىلى ھالەك
بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ياۋرۇپادا قۇللۇق تۈزۈم يىمىرلىپ، فېئوداللىق تۈزۈم
تىكلىنىشكە باشلىدى. مانا مۇشۇنداق ئىككى خىلئىجىمائىي پورماتسىيىنىڭ ئۇرۇن
ئالمىششدا ئاتتىلار ۋە ھۇنلارنىڭ سىياسى، ھەربىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتكى
ئوينىغان رولى ناھايتى زور بولدى.
ئاتتىلا 53 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. جوردانىسنىڭ مەلۇماتىغا قارغاندا، ئاتتىلا
ئوتۇرا بويلۇق، بۇغداي ئۈڭلۈك، گۈرەنلىك،كۈچ-قۇۋىتى ئۇرغۇپ تۇردىغان،
توختىماستىن ئەتىراپقا نەزەر تاشلاپ تۇردىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق كىشى ئىدى.
ئاتىتلا ئېرىشمەكچى بولغان ھەرقانداق نەرسىنى ئەقىل- پاراسەتكە تايىنىپ
قولغا كەلتۈرەتى. تارىخچىلار ئاتتىلانى چىڭگىزخاندىن بۇرۇن ئۆتكەن ئەڭ چوڭ
دۇنياۋى ھاكىميەت چۈشەنچىسىگە ئىگە ئۇلۇغ ئىمپېراتۇر، تەشكىلاتچى ۋە ھەربىي
قۇماندان،دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئاتتىلانىڭ نامى توغىرسىدا ياۋرۇپادىكى
ھەرقايسى ئەلەردە بارلىققا كەلگەن رىۋايەتلەر ئېغىزدىن-ئېغىزغا كوچۈپ مانا
ھازىرغىچە تارقىلپ كەلمەكتە. ئاتتىلانىڭ ھاياتى، يازغۇچىلار،رەساملار،
ھەيكەلتىراشلار، مۇزىكانىتلار ۋە سىنارستلارنىڭ ئىجادىيىتىگە تېما بۇلۇپ
كەلدى.
ئاتتىلانىڭ بىۋاستە زىيارەت قىلىغان شەرقى رىم تارىخچىسى پىرىسكوسنىڭ
مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا بېرىشچە، ياۋرۇپا ھۇنلىرى ئاتتىلانى كىشلىكتىن
ئۈستۈن ئىقتىدارغا ئىگە دەپ قارايتى. شۇڭا، ئاتتىلانىڭ ئالدىدا ھەرقانداق
كىشى قورقوپ تىترەپ تۇراتى. ھەتا ئاتتىلانىڭ چوڭ ئوغىلى ئىلەكمۇ ئۇنىڭ
كۆزىگە قاراشقىمۇ جۇرەت قىلالمايتتى. ئاتتلانىڭ ئوردىسىدىكى بويسۇندۇرۇلغان
مىللەتلەرنىڭ خانلىرى ۋە قوماندانلىرمۇ ئاتتىلانىڭ بۇيرۇقىنى ئۈن-تىن
تىتىرەپ تۇرۇپ بەجا كەلتۈرەتى. لېكىن،بۇنداق قورقۇش،بىركىشىنىڭ زالىم ۋە
مۇستەبىت ھۆكۇمدارغا بولغان قورقۇشى بولماستىن، بەلكى كىشلىكتىن ئۈستۈن
ئىقتىدارغا ئىگە دەپ قارالغان بىر كۈچكە بولغان ھۆزمەت تۇيغۇسى ئىدى. بۇ
توغۇرلۇق پىرىسكوسنىڭ بىر مەلۇماتىنى كۆرۇپ ئۆتۇشىمىزگە ئەرزىيدۇ.مىلادىيە
448-يىلى ئاتتىلانىڭ ئوردىسغا بارغان شەرقىي رىم ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ
تەركىبىدە ئىككى ھۇن ئەلچىسىمۇ بار ئىدى.
ئەلچىلەرگە بۈگۈنكى سوگىيە شەھىرىدە كاتا زىياپەت بېرىلگەن زىياپەت سورۇندا
شەرقىي رىملىقلارتىئودورۇسⅡنى،
ھۇنلار ئاتتىلانى ماختىغان، شەرقىي رىملىقلاردىن بىر ئىنسانى تەڭى ربىلەن
تەڭلەشتۇرۇشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىن ئېيتقان چاغدا،ئىككى ھۇن ئەلچىسى قاتتىق
غەزەپلەنگەن. چۈنكى ئۇلار ئاتتىلانى ھەقىقى تەڭىر دېگەن. پىرسكوس تىلغا
ئالغان يەنە بىر مەلۇماتا ئېيتىشچە، ھۇنلار ئاگاچىرى قەبىلىسىنى مەغلۇپ
قىلىش ۋەزىپىسىنى شۇ قەبىلىدىن چىققان بىر قۇماندانغا تاپشۇرغان. ئاتتىلا
ئۇنىڭ كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئۈچۈن مۇكاپاتلىماقچى بۇلۇپ، ئوردىسىغا
چاقىرتقاندا، ئۇ كەلمەي مۇنداق بىر خەتنى ئەۋەتكەن :«ئىنسان ئۈچۈن تەڭىر
ھۇزۇرغا بېرىش ناھايتى مۇشكۈك ئىشتۇر، مەن كۆزۇمنى چوڭىراق ئېچىپ كۇنگە
قارىيالمايمەن، بۇ ھالىم بىلەن ئەڭ چوڭ تەڭىرگە قانداق قارىيالايمەن».
ھۇنلار ۋە باشقا تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت چۈشەنچىسى بويىچە،
ئېمپېراتۇر ياكى قاغان تەڭىرنىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەكىلى، تەخىت ئۇنىڭغا تەڭىر
تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان، دەپ قارىلىپ، مىللەتنىڭ ئائاتىسى ھېسابلىناتتى.
شۇڭىلاشقا تۈركى تىللىق مىلەتلەرنىڭ ئېمپىرتورلىر ياكى قاغانلىر ئۆزلىرنى
ئىلاھىيلەشتۈرۈپ «تەڭىر خان »دەپ ئاتايتى. ھۇنلارنىڭ ئاتتىلانى
ئىلاھىيلەشۈرۈپ، تەڭىر دەرىجىسىگە كۆتۈرشى، بەلكىم مۇشۇ خىل ھاكىميەت
چۈشەنچىسىنىڭ تەسىر بولسا كېرەك.
ئاتتىلار بويسۇندۇرغۇچى سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىقان بولسىمۇ،لېكىن ئۇ
ئىدارە قلىش جەھەتتە ئادىل ۋە ئادالەتنى يەقلىغۇچى كىشى ئىدى.شۇڭا ھۇنلار
ئەمەس بەلكى بويسۇندۇرۇلغان قوۋملەرمۇ ئۇنىڭغا سادىقلىق خىزمەت قىلغان.
جوردانىس ئاتتىلائۆزىگە يېلىنغانلارغا ناھايتى شەپقەت كۆرسىتەتتى، ئۆزىگە
بويسۇنغانلارغا ناھايتى سىلىق مۇئامىلە قىلاتتى، دەيدۇ. ئاتتىلانىڭ
يۈرگۈزگەن قانۇن-تۇزىمى ئادىل بۇلۇپ، جەمىيەت ھۆرلۇكە تولغاندى. بىر
رىملىقنىڭ شەرقىي رىمدا كىشلەرنىڭ نازارەت ئاستىدا تۇردىغانلىقى، ھۇن
ئىمپېرىيسىدە بولسا كىشلەرنىڭ ئىنتايىن ئەركىن، ھۆر ياشايدىغانلىقى
ئۆزىنىڭمۇ شۇ كىشلەردىن بىر ئىكەنلىكىنى توغىرسىدا ئېيتقان سۆزى
پىرىسكوسنىڭ ئەسىردە خاتىرلەنگەن. ئاتتلانىڭ ئۆزىگە قارشى پىلانىغا سۇيقەست
ئاشكارلانغاندا، گۇناھسىز ماكسىموس بىلە گۇناھكار بىگىلاسنى ئايرىپ تۇرۇپ
مۇئامىلە قىلغانلىقى، ئاتتىلانىڭ يۈرگۈزگەن قانۇن- تۇزىمىنىڭ نەقەدەر ئادىل
ئىكەنلىكىگە مىسال بولىدۇ.ئاتتىلانىڭ ئۆزىنىڭ ھايات-ماماتىغا بىۋاستە
مۇناسىۋەتلىك سۇيقەستنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ھەق بىلەن ناھەقنى ئېنىق
ئايرىپ بىرتەرەپ قىلىشى ،شۇ دەۋىردە ناھايىتى ئاز كۆرىلىدىغان ئىش.
ئاتتىلا دۇنياغا چاكسىز ئىپتىخار ۋە ئىشەنچ بىلەن نەزەر سالاتى.
جوردانىسنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاند ، ئاتتىلا ئۇرۇش قىلىشقا ئامىراق.
پىلان تۈزۈشكە ماھىر بولغاچقا، پۇتۇن دۇنياغا ھۆكۇمىدار بۇلۇشنى ئۆزىنىڭ
پىشانىسىگە پۇتۇلگەن تەقدىر، دەپ بىلەتى.
ئاتتىلا ھەر ۋاقىت مىللەتنىڭ يېتەكچىسى بولغان كىشىنىڭ مىللەتنى
مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش قوغداش، مىللەتنى كۈچەيتىش ۋە تەرەقى قىلىدۇرۇش،
تەخىتنى مۇستەھكەن ساقلاش مەجبۇريىتى بار، دەپ قارايتى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن
داۋاملىق باش قاتۇراتتى. ئېلىپ ئېيتساق، ئاتتىلا تىئودۇرۇسⅡ
گە يازغان بىر مەكتۇبىدا :«تىئودورۇسⅡ
ئەسىلى ئۇلۇغ كىشىنىڭ ئوغلى، ئاتتىلامۇ ھەم شۇنداق. ئاتتىلار داىسىنىڭ
ئېسىل نەسەبىنى ساقىلاپ ئۇنى قۇغدىدى. تىئودۇرۇسⅡبولسا،
ئاتتىلاغا باج تاپشۇردىغان قۈل سۈپىتىدە دادىسىدىن قالغان ئېسىل نەرسىلەرنى
يوقاتتى» دەپ يازغانلىقى ئۇنىڭ تارىخى مەجبۇريەت تۇيغۇسىنىڭ ناھايتىمۇ
يۈكسەكىلىكىنى چۈشەندۈردۇ. ئاتتىلار دۆلەتلەرئوتۇرسىىكى دىپلۇماتىيە
قائىدە-يۇسۇنلىرغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى. ئۇ قوشنا دۆلەتنىڭ ئورنىغا
ھۇرمەت قىلىشنىمۇ ھەم ئۇلارغا قاتتىق پوزىتسىيە قوللىنىشنىمۇ ئوبدان
بىلەتتى. ئاتتىلا ئۆزىنىڭ ئالدىغا كەلگەن چەت ئەل ئەلچىسىنىڭ ئالىي
نەسەبلىك بۇلۇشىنى ھەم كونسولدا تۇرغان بۇلۇشىنى تەلەپ قىلاتى. شۇنداقلا ئۇ
ئەلچىلەرنى ئالىي ئېھتىرام بىلەن قارشى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن سەمىمى
سوھبەتلشەتتى. ئاتتىلا بەزىدە ھەتا، چەت ئەل ئەلچىلىرىنى كۇتىۋېلىش ئۈچۈن
چېگىراغىچە باراتتى. ئاتتىلا قوشنا دۆلەتكە ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى رەت
قىلغاندىن كېيىن، تىنچ ئۇسۇلنى بىكار قىلىپ، قۇرال كۈچىنى ئىشقا سالاتتى.
ئاتتىلا بۈيۈك ئىستېلاتچى ھېسابلىندۇ. ئۇ ئۆز ھاياتىدا نۇرغۇن ھەربىي
يۈرۈشلەرنى قىلىپ، نەچە يۈز شەھەرنى ئىگىلەپ، نەچە شەھەرنى يەر بىلەن
يەكسان قىلۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزى ئىشغال قىلغان جايلاردىكى
مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى قوغداشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت
بەرگەن. پىرىسكونىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئاتتىلا ناھايتى بىلىملىك
كىشى ئىدى. شۇڭا، ئۇ بىلىملىك كىشلەرنى ناھايتتى ھۆرمەت قىلاتتى. مەيلى
ئۇلار قايسى مىلەتتىن بولىشىدىن قەتتى نەزەر، ئۆز يېنىغا يىغاتتى. مەسىلەن،
ئۇنىڭ يېنىدا رىملىق ئونىگوس، ئورسىتى، گېرمانىتىلىك ئىرئىد قاتارلىق
ۋەزىر، قوماندان ۋە كاتىپلار بار ئىدى. ئۇلار ئاتتىلاغا جانپىدالىق بىلەن
خىزمەت قىلاتى. ئاتتىلا مىلادىيە 452-يىلى رىم شەھىرگە قىستاپ كەلگەندە،
ئۇنىڭ يېنىدىكى كىشلەر رىم شەھىرنى قەدىمى مەدەنىيەت مەركىزى ئىكەنلىكىنى،
شۇڭا ئۇنى ۋەيران قىلىماي ساقلاپ قېلىشنى تەۋسىيە قىلغاندا، ئاتتىلامۇ بۇ
پىكىرنى قۇبۇل قىلغان .
ئاتتىلا ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋرۇپا دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ باي ھۇن
ئىمپېرىيسىنى بۈيۈك ئېمپىراتورى بولسىمۇ، لېكىن تۇرمۇشتا ناھايتى ئادى-
ساددا ئىدى. ھەشەمەتخورلۇقنى قىلچە ياقتۇرمايتى.ئۇنىڭ ئوردىسىمۇ باشقا
پادىشاھلارنىڭكىدەك ھەشەمەتلىك ئەمەس ئىدى. ئاتتىلانىڭ زىياپەت سۇرۇندا
باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئالتۇن ۋە كۆمۈش تاۋاقتا ئەڭ ئېسىل يېمەكلىكلەرنى
كەلتۇرەتى، ئۆزى بولسا ياغاچ تاۋاقتا گۆش بىلەن غىزالىناتتى. ئۇنڭ كىيگەن
كىيمىنىڭ ئاددىي بولۇشىغا قارماي پاكىزلىق جەھەتە ھەرقانداق كىشىنىڭ
دېققىتىنى قوزغايتى. ئۇنىڭ قۇرال- يىراق ۋە ئات جابدۇقلىرى ھۇنلارنىڭ باشقا
دۆلەت ئەمەلدارلىرنىڭكىدەك ئالتۇن-كۆمۇش بىلەن زىنەتتلەنمىگەندى. مانا
مۇشۇنداق ئادىي- سادىلىق ئۇلۇغ ئىمپېراتور ئاتتىلرنىڭ ئەڭ ئېسىل خارەكتېرى
ھېسانلىناتتى. ئاتتىلا ئەيىش- ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى زادىلا ياقتۇرمايتتى،
ھەتتا ئەڭ ئاددى زىياپەت سۇرۇنلىردىمۇ ئۇنىڭ كۈكۈمسىرگەن سىياقىنى
ئۇچىراتقىلى بولمايتتى. ئاتتىلا ھۇن شائىرلىرى ئېيتقان ھۇنلارنىڭ
قەھىرمانلىق داستانلىرىنى مەغرۇر قىياپەتە ئۇلتۇرۇپ، مەمنۇنىيە بىلەن
ئاڭلاشنى بەكمۇ ياخشى كۆەتتى.
بۇ
ھەقتە پىرسكوس مۇنداق دەپ يازغان :«كەچ بولغاندا مەشەللەر يېقىلدى. ئىككى
ھۇن شائىرى ئىچكىرى كىرىپ ئاتتىلانى ئۇدۇلدا تۇردى. ئۇلار ئۆزلىرى
تەيارلىغان داستانلىرى بىىلەن ئاتتىلانىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە زەپەرلىرىنى
كۈيلىدى. زىياپەتكە قاتناشقۇچىلار ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى، ئۇلارنڭ بەزىلىرى
داستاندىن ھۇزۇرلىناتتى، بەزىلىرى ئۇرۇشنى ئەسىلەپ خىيالغا چۆمگەنىدى.»
ئاتتىلانىڭ ئەڭ چوڭ كۆڭۈل ئېچىش پالىيىتى ئوۋ ئوۋلاش بولۇپ، بۇ ئاتتىلا
ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر قېتىملىق ھەربىي مانىۋېر ھېسانىلىناتتى.
ياۋرۇپا ھۇنلىرى ئارسىدا شامانىزمنىڭ بەزى تەسىرلىرمۇ ساقىلىنىپ قالغاندى.
شۇڭا، ئاتتىلانىڭ يېنىدا داۋاملىق ھالدا نۇرغۇنلىغان باخشى ۋە
پالچىلاربىللە بولاتتى. ئاتتىلا ئۇلارغا پال ئاچقۇزۇپ كۆرگەندىن كېيىن،
ئاندىن ئۇرۇش توغىرسىدا قارار چىقىراتتى. ئاتتىلا ھەر قېتىم ئۇرۇشقا
ئاتلىنىشتىن بۇرۇن قوي سۆڭىكىنى كۆيدۈرۈپ پال سالدۇراتى②.
بىرقېتىم ئاتتىلا پال ئاچۇرزۇپ كۆرسە، پالچىلار ئاتتىلاغا ئۇنىڭ نەسلىنىڭ
ئۆزگىردىغانلىقى، ئىرنەكنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ ھۇن ئىمپېرىيسىنىڭ قايتا
گۈلۈندغانلىلقى توغىرسىدا بىشارەت بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئاتتىلا چوڭ ئوغىلى
ئىلەكنى تەخىت ۋارىسىلىقىدىن قالدۇرۇپ، كىچىك ئوغىلى ئىرنەكنى تەخىت
ۋارىسلىقىغا كۆرسەتكەن. نەتىجىدە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى خانلىق ئورنىدىن مەھرۇم
بولغان ئىلەك ئاتتىلا ئۆلگەندىن كېيىن، ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسىمدا تەخىت
تالىشىش ماجىراسىنى پەيدا قىلغا بۇنىڭدىن پايدىلانغان قارام دولەتلەر ھۇن
ئىمپېرىيسىگە قارشى ئىسىيان كۆتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن، ياۋرۇپانى بىر مەزگىل
قاتتىق چۆچۈتكەن ھۇن ئىمپېرىيسى ئاتتىلار ئالەمدىن ئۆتۈپ ئانچە ئۇزۇنغا
بارمايلا تارىخ سەھنىسىدىن غۇلاپ چۈشكەن .
ئۈچىنچى باب
ياۋروپا رىۋايەتلىرىدىكى ئاتتىلا
ياۋروپادا ھۇن ئىمپېراتورى ئاتتىلا توغرسىدا شۇ دەۋىردىن باشلاپ نۇرغۇن
رىۋايەتلەر توقۇلغان بولۇپ، بۇ رىۋايەتلەر ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىپ، تا
ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن. بۇ رىۋايەتلەردە ئاتتىلانىڭ ھايات-
پائالىيىتى ھەر خىل شەكىلەردە بايان قىلىندۇ. ئاتتىلارغا ئاتاپ توقۇلغان
رىۋايەتلەرنىڭ بەزىلىرگە ئاتتىلا ۋە ھۇنلارمۇ ئىشەنگەن. تۆۋەندە بىز بۇ
رىۋايەتلەرنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز.
1.
ھۇنلاردىكى«تەڭرى قىلىچى»رىۋايىتى
ھۇن رىۋايەتلىرىدە بايان قىلىنىشچە، ياۋروپا مىللەتلىرى ئاتتىلانى «تەڭرى
قامچىسى» دەپ ئاتايتتى. ئاتتىلا گۇناھقا تولغان خىرىستىئان دۇنياسىنى
جازالاش ئۈچۈن، تەڭرى تەرپىدىن ئەۋەتىلگەن. تەڭرى ئاتا قىلغان بۇ ۋەزىپىنىڭ
سىمۋولى سۈپىتىدىكى ئۇرۇش تەڭرىسى ئارېس بەرگەن «تەڭرى قېلىچى»نى ئاتتىلا
ھەر قانداق ۋاقىتتا يېنىدىن ئايرىمايتتى. ئاتتىلا ئالەمدىن ئۆتۈپ 100
يىلدىن كېيىن يېزىلغان «گوت تارىخى» دېگەن ئەسەردە، «تەڭرى قېلچى» رىۋايىتى
خاتىرلەنگەن. بۇ رىۋايەت يەنە 19-ئەسىردە ياشىغان ھۇنگىرىيىلىك
ژ.ئارانىينىڭ «بۇدانىڭ ئۆلۈمى» دېگەن 12 قىسىملىق ئىپوسىغا كىرگۈزۈلگەن.
بۇ رىۋايەتتە بايان قىلىنىشچە، ھۇنلارنىڭ ياشانغان ھەم ئىقتىدارسىز
خانى بۇدا ئەقىل-پاراسەتلىك ھەم كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇردىغان ئىنىسى
ئاتتىلا بىلەن بىرلىكتە ھاكىميەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، ئۇنى ئۆز يېنىدا دۆلەت
ئىشلىرىغا ئارلاشتۇرۇپ، ھۇن قوشۇنىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىدۇ.
ئۇزۇنغا بارماي بۇدا ئۆزىنىڭ بۇ ئىشىدىن پۇشايمان قىلىپ، ئاتتىلانى
يوقاتماقچى بولىدۇ. مۇشۇ كۈنلەردە ئاتتىلا بىر چۈش كۆرىدۇ. چۈشىدە
ھۇنلارنىڭ تەڭرىسى ھادۇر بىر قېلىچنى ئېلىپ كېلىپ ئاتتىلانىڭ قولىغا
تۇتقۇزىدۇ. ئاتتىلا كۆرگەن چۈشىنى باش قامغا سۆزلەپ بېرىدۇ. باش قام
ئاتتىلاغا: بۇ دۇنيا ھاكىميىتىنى ئىگىلەيدىغان «تەڭرى قېلىچى»نىڭ پات
ئارىدا سىزنىڭ قولىڭىزغا چۈشىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ تەبىر بېرىدۇ. بىر
كۈنى بىر ھۇن پادىچى بالا پادا بېقىۋاتقان چاغدا، بىر موزاينىڭ
ئاقساۋاتقانلىقىنى ھەم پۇتىدىن قان ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. پادىچى بالا
قان تامچىغان ئىزنى بويلاپ مېڭىپ، بىر يەرگە بارغاندا، يەرگە كۆمۈلگەن بىر
قېلىچنىڭ ئۇچىنى ئۇچرىتىدۇ. پادىچى بالا قېلىچنى يەردىن سۇغۇرۇۋالماقچى
بولۇپ، قولىنى ئۇزىتىشىغا قېلىچنىڭ ئۇچىدىن ئوت يانىدۇ. ئوت بىردەمدىن
كېيىن ئۆچىدۇ. پادىچى بالا قېلىچنى يەردىن سۇغۇرۇۋېلىپ ئۇنى ئاتتىلاغا
تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئاتتىلا بۇ قېلىچتا ئىلاھى بىر بەلگىنىڭ بارلىقىنى سېزىپ،
تەڭرى دۇنيا ھاكىميىتىنى ماڭا تاپشۇرۇپتۇ، دەپ چۈشىندۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ
ئاتتىلانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە نۇپۇزى يۇقىرى ئۆرلەپ، داڭقى ئەتراپقا تارقىلدۇ.
ئاتتىلانىڭ بۇنداق شۆھرەت قازىنىشىغا قاتتىق ھەسەت قىلغان ئاكىسى بۇدا
«تەڭرى قېلىچى»نى ئاتتىلادىن تارتىۋالماقچى بولىدۇ. ئاتتىلا بىر قېتىم
خىرىستىئانلار بىلەن ئۇرۇش قىلۋاتقان چاغدا، بۇدا ئاتتىلانىڭ سارىيدىن
«تەڭرى قېلىچى»نى ئوغرىلاپ قاچىدۇ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئاتتىلا دەرھال
ئۇرۇشنى توختىتىپ، مەملىكىتىگە قايتىپ، بۇدانىڭ سارىيىغا ئاتلىنىدۇ. بۇدا
«تەڭرى قېلىچى»نى ئېسىپ ئاتتىلاغا قارىشى ئۇرۇشقا كىرىدۇ. ئەپسۇس، بۇدانىڭ
قولىدا بۇ قېلىچ ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يوقىتىپ، ئادەتتىكى بىر قېلىچقا
ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇدانىڭ قولىدىن «تەڭرى قېلىچى»نى قايتۇرۋالغان ئاتتىلا
ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، جەسىتىنى دوناي دەرياسىغا تاشلىۋېتىدۇ. ھۇنلاردىكى بۇ
قانلىق پاجەنى كۆرگەن ھۇن تەڭرىسى ھادۇر ھۇن مىللىتىگە ئېچىنىپ «ھۇن
مىللىتى يوقىلىشى كېرەك» دەپ ئاھ ئۇرىدۇ.
ئاتتىلاغا دائىر خاتىرە بۇيۇملار ساقلانغان ھۇنگىر سارىيىدا ئاتتىلانىڭ
دۇنياۋىي ھاكىميەتنى قۇرغان «تەڭرى قېلىچى» دەيدىغان بىر قېلىچ ساقلانغان.
مىلادىيە 1071-يىلى يېزىلغان بىر يىلنامىدە، باۋارىيە پادىشاھى ھېنرىⅣ
نىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن بىرىنىڭ ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، ئۆز قېلىچىغا
سانجىلىپ ئۆلگەنلىكى يېزىلغان. بۇ يىلنامىنى يازغان ئاپتور بۇ قېلىچنىڭ
ئاتتىلانىڭ گاللىينى ئىشغال قىلغان چاغدا ئىشلەتكەن قىلىچى ئىكەنلىكىنى
قۇشۇمچە قىلىپ قويغان. كېيىن بۇ قېلىچنىڭ قولغا چۈشۈشى ھەققىدىكى رىۋايەتنى
تارىخچى جوردانىسنىڭ مەلۇماتىغا ئوخشىتىپ يازغان يەنە بىر تارىخچى بولسا،
بۇنى «ئارېسنىڭ قىلىچى» دەپ ئاتاپ، بۇ قىلىچنىڭ تەڭرى قىلىچى سۈپىتىدە
بىلىندىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان①.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئىزاھلاپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، بەزى ئالىملار ئۇيغۇر
خەلق داستانلىرىدىكى ئوغۇزخان ئوبرازىدا ئاتتىلانىڭمۇ تارىخىي پائالىيىتى
ئەكىس ئەتكەن، دەپ قارايدۇ. بۇ توغرىسىدا داڭلىق باشقىرت ئالىمى
ئوردىناريۇس، پروفېسور ئا.زەكى ۋەلىدى تۇغان ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى
«ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش» دېگەن كىتاپنىڭ 174-بېتىدە: «ئوغۇز
داستانىدا ‹ئوغۇز ئاكا› ياكى ‹ئوغۇزخان› دېگەن ئىسىم بىلەن ھۇن
ھۆكۈمدارلىرىدىن مەتە (باتۇر)نىڭ شەرقتە، يەنە بىر ئۇلۇغ يابغۇ (چىچى
تەڭرىقۇت)نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا، ئاتتىلانىڭ غەربتە ئېلىپ بارغان
فۇتۇھاتلىرىغا دائىر خاتىرىلەر تىلغا ئېلىنغان» دەپ كۆرسىتىدۇ.
2.
شەرقىي رىم رىۋايەتلىرىدىكى ئاتتىلا
ئاتتىلانىڭ سەلتەنەتلىك ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىداشلىرىغا ئاجايىپ بىر مۆجىزە
بولۇپ تۇيۇلدىغان بولسا، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتىشىمۇ دەۋرىداشلىرى
ئۈچۈن يەنە شۇنداق ئاجايىپ بىر سىرلىق ۋەقە بولۇپ تۇيۇلۇپ، ئۇلارنى تولىمۇ
ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان. پىرىسكوسنىڭ ھېكايىسىدىن پايدىلانغان جوردانىس ۋە
تىئوپخانىسنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ئاتتىلا توي كېچىسى بۇرۇن قاناش كېسىلى
بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئاتتىلا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، شەرقىي رىمدا
ئاتتىلانى ياكى ئائىتوس پار بېرىپ سېتىۋالغان خاس مۇھاپىزەتچىلەردىن
بىرىنىڭ قەستلىگەنلىكىنى ياكى ئاتتىلا بىلەن بىر ھۇجىرىغا كىرگەن مەلىكىنىڭ
زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە دائىر رىۋايەتلەر تارقالغان. يەنە بىر شەرقىي
رىم مەنبەسىگە ئاساسلانغان مىلادىيە 10-ئەسىرگە ئائىت «ئېلىن خىرونىگى»
دېگەن روسچە يىلنامىدە، ئاتتىلانىڭ بۇرنىنىڭ قانىشى بىر ئاز رومانتىك تۈس
ئالغان ھالدا بايان قىلىنغان. بۇنىڭدا ئېيتىلىشچە، رىم شەھرىنى مۇھاسىرگە
ئالغان ئاتتىلا، قەلئە يېنىدا تۇرغان غەربىي رىم ئېمپىراتورىنىڭ گۈزەل
مەلىكىسىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ. ئاتتىلا بۇ گۈزەل مەلىكىگە
ئۆيلىنىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ، غەربىي رىم ئېمپىراتورىغا بېسىم
ئىشىلتىدۇ. غەربىي رىمنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنىڭ قايتا-قايتا ئۆتىنىشى
بىلەن بۇ مەلىكە ئاتتىلانىڭ قېشىغا بارىدۇ. قىز ئاتتىلانىڭ يېنىغا
كېلىشى بىلەنلا ئاتتىلانىڭ بۇرنىدىن بۇلدۇقلاپ قان ئېقىپ جان ئۈزىدۇ.
بۇ
رىۋايەتتىن بىلىنىشچە، ئاتتىلار غەربىي رىمنىڭ سۇيقەستى بىلەن ئۆلگەن،
مەلۇمكى، باشتا ئېيتىپ ئۆتۈلگىندەك، مىلادىيە 452-يىلى ئاتتىلا 100 مىڭ
كىشلىك قۇشۇن بىلەن رىم شەھىرىگە قىستاپ كەلگەن چاغدا، غەربىي رىم
ئىمپېرىيسى پاپالىئوⅠ
باشچىلىقىدىكى بىر ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئاتتىلانىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ، تەسىلىم
بولغانلىق شەرتى بىلەن تىنىچىلىق كېلىشمى تۈزگەن. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە
ئاتتىلا غەربىي رىم ئەلچىلىرگە ھۇنۇرىيا بىلەن ئۇنىڭ تېگىشلىك مىراسلىرنى
ئۆزىگە بېرىشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلغان. ئەگەر، غەربىي رىم بۇ تەلەپكە
قوشۇلمىسا ئاتتىلا جازا يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان. مانا
شۇ تارىخىي پاكىت «ئېلىن خىررونىگى»دا سۆزلەنگەن رىۋايەت بىلەن بىردەك.
ئەمما مۇشۇ ۋاقىتتا مەلىكە ھۇنۇرىيا مەجبۇرىي ھالدا باشقا بىرىگە ياتلىق
قىلىۋېتىلگەچكە، غەربىي رىم ئىمپېرىيسى ئاتتىلانىڭ جازاسىدىن قورقۇپ،
ئىلدىكو ئاتلىق بىر قىزنى ئاتتىلاغا ياتلىق قىلىغان ھەمدە ئۇنىڭغا غەربىي
رىم ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت ھېسابلانغان ئاتتىلانى ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى
تاپشۇرغان. شۇنىڭ بىلەن، توي كېچىسى ئىلدىكو زەھەر سېلىنغان شارابنى
ئاتتىلاغا سۇنغان. ئاتتىلا شارابنى ئىچىپلا بۇرنىدىن قان ئېقىپ جان ئۈزگەن.
ئاتتىلانىڭ ئۆلۈمىگە دائىر غەرب مەنبەلىرنىىڭ نۇرغۇنلىردا يەنە مۇنداق بىر
رىۋايەتمۇ سۆزلىندۇ. بۇ رىۋايەتتە ئېيتىلىشچە: شەرقىي رىم ئىمپېراتورى
ماركىنوس ئاتتىلا ئۆلگەن كۈنى چۈشىدە ئاتتىلانىڭ ئوقياسىنىڭ سۇنغانلىقىنى
كۆرگەنمىش. بۇ رىۋايەتتە ئاتتىلانىڭ غەلبىسىنىڭ سىرى بولغان «تەڭرقىلىچى»
نىڭ ئورنىنى ««ئوقيا» نىڭ ئىگىلىشى ئالاھىدە دېقىتىنى تارتىدۇ.
3.
گوت
رىۋايىتىدىكى ئاتتىلا
غەرب دۇنياسىدا ئاتتىلا ۋە ھۇنلارغا دائىر مەلۇمات ۋە رىۋايەتلەرنى تۇنجى
بولۇپ توپلىغان كىشى گوت تارىخچىسى كاسسىدۇرۇس (مىلادىيە490 - 580-يىلار)
ھېسابلىندۇ.
لېكىن،ئۇنىڭ ھۇنلار ھەققىدىكى مەلۇمات ۋە رىۋايەتلەرنى خاتىرلەپ قالدۇرغان
«گوت تارىخى» دېگەن ئەسىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. گوتلار ئىچىدە
تاقالغان رىۋايەتلەرنى بىز پەقەت دىئاكونوس، ھىيداتىئوس ۋە ئىستورۇسنىڭ
ئەسەرلىرىدىن كۆرىمىز.دىئاكونوس تىلىغا ئالغان رىۋايەتتە شىمالىي
ئىتالىيىدىكى شەھەرلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ۋە قايتىدىن بىنا قىلىنىشى
ئاتتىلاغا باغلىندۇ. ئۇ يەنە ئاتتىلا بىلەن پاپالىئوⅠ
ئوتتۇرسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم ھەققىدىكى رىۋايەتنى مۇنداق بايان قىلىغان
ئاتتىلا، پاپا لىئوⅠ
بىلەن كۆرۇشكەندىن كېيىن، ئەسكەر چېكىندۇرىدۇ. باشقىلار ئاتتىلادىن
نېىمىشقا پاپالىئوⅠ
گە مۇنداق يۇمشاق مۇئامىلىە قلىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئاتتىلا پاپالىئوⅠنىڭ
تەلىپىنى رەت قىلسام، ئۇنىڭ يېنىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىمەن دەپ قېلىچىنى
تۇتۇپ تۇرغان باش پاپا قىياپەتلىك بىر مويسىپىت كىشى بار ئىكەن، شۇ كىشىنىڭ
يۈز ئابرويىنى قىلىپ ئاتتىلا پاپالىئوⅠنىڭ
كېلىشىم تۈزۈش تەلىپىنى قۇبۇل قىلدىم دېگەنمىش. ھىيداتئوس تىلغا ئالغان
رىۋايەتتە ئاتتىلا ئىتالىيىنىڭ ئاچۇيلا شەھىرىگە يۈرۈش قىلغاندا، ئائىتوس
تەرپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان، دەپ سۆزلىنىدۇ.
ئىسدۇرۇسنىڭ رىۋايەت قىلىشچە، ئاتتىلا شەرقىي رىم ئېمپىراتورى ماركىنوس
تەرپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي
ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ھۇنلار بىر-بىرىنى قىرىپ تۈگىشىدۇ. تەڭرى ئاتتىلانى
گۇناھكار ئىنسانلارنى جازالاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا غەلبە نۇسرىتىنى ئاتا قىلغان،
ئاتتىلا بۇ ۋەزىپىنى ئۇرۇنداپ بولغاندىن كېيىن، تەڭرى ئۇنىڭغا ياردەم
قىلمىغان.
گوت رىۋايەتلىرىدە ئاتتىلانىڭ ھايات-پائالىيەتلىرى بۇرمىلانغان ۋە
خۇنۈكلەشتۈرۈلگەن. بۇ گوتلارنىڭ ھۇنلارنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن
شەكىللەنگەن ئۆچمەنلىكتىن پەيدا بولغن بولۇشى مۇمكىن.
4.
پولشا رىۋايەتلىرىدىكى ئاتتىلا
ئاتتىلادىن 100 يىل كېيىن ياشىغان گاللىيە تارىخچىسى گېئورگى ئۆزىنىڭ
ئەسىرىدە پولشادا بارلىققا كەلگەن ئاتتىلا توغرىسىدىكى ئەڭ قەدىمكى ئىككى
رىۋايەتنى خاتىرىلىگەن. ئۇنىڭ بىرى، ئورلېئان (فىرانسىيىدە) شەھرىنىڭ
ئېپىسكوپى ئانىئانوسنىڭ ھېكايىسى ھسابلىنىدۇ. بۇ رىۋايەتتە ئانىئانوسىنىڭ
ئاتتىلا تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان ئورلېئان شەھرىنى قۇتقۇزۇشتا ئوينىغان
رولى ناھايىتى ئەپسانىۋىي شەكىلدە بايان قىلىنغان.
گېئورگىنىڭ رىۋايەت قىلشىچە، ئانىئانوس ئاتتىلا مۇھاسىرگە ئالغان ئورلېئان
شەھرىنى تەڭرىنىڭ قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن، ئۆز جامائىتى بىلەن تەڭرىگە
دۇئا-تىلاۋەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تەڭرىنىڭ ياردەمچى كۈچلىرىنىڭ
كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، جامائىتىنى باشلاپ سېپىل ئۈستىگە
چىقىپ، تۆت ئەتىراپقا قارايدۇ. سېپىلنىڭ ئەتىراپىدا ھېچنىمە كۆرۈنمەيدۇ.
ئانئانوس تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ، قايتا دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندىن كېيىن، يەنە
جامائىتىنى باشلاپ، سېپىل ئۈستىگە چىقىپ تەڭرىنىڭ ياردىمىنى كۈتىدۇ. بۇ
قېتىممۇ ھىچقانداق بىر قۇتقازغۇچى كۈچ كۆرۈنمەيدۇ. ئېپىسكوپ جامائىتىگە
قاراپ، «سىلەر داۋاملىق دۇئا-تىلاۋەت قىلىڭلار، تەڭرى سىلەرنى بۈگۈن چوقۇم
ئازاد قىلىدۇ» دەپ ۋەز ئېيتىدۇ. بىر ئازدىن كېيىن، جامائەت ئانئانوسقا
ئۇپۇقتا بىر قارا بۇلۇتنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ. بۇ قېتىم
راستىنلا تەڭرىنىڭ قۇتقازغۇچى كۈچلىرى ئائىتوس ۋە تورسىموندنىڭ ياردەمچى
قۇشۇنى سۈپىتىدە پەيدا بولۇپ، ھۇنلارنى سېپىلدىن يىراققا چېكىندۈرىدۇ.
ھۇنلار يەنە ئۇدا بىر قانچە كۈن ياغقان قارا يامغۇرنىڭ قاتتىق تالاپىتىگە
ئۇچرايدۇ. ھۇنلارنىڭ بىر قىسىمى يامغۇر سۈيىدە تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ. بىر قىسىمى
تەڭرى ئەۋەتكەن قۇتقازغۇچى قوشۇن تەرپىدىن قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلدۇ. گېئورگى
تىلغا ئالغان يەنە بىر رىۋايەتتە بولسا، مەيتىز شەھىرىنىڭ ۋەيران
قىلىنىشىغا دائىر ۋەقە سۆزلىنىدۇ. گېئورگنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، پاننونيادىن
ئاتلانغان ھۇنلار يول بويى ئالدىغا ئۇچرىغان ھەر قانداق نەرسىنى ۋەيران
قىلىپ، ئوت قويۇپ كۆيدۈرگەن پېتى مەيتىز شەھرىگە يېتىپ كېلىدۇ. ھۇنلار
مەيتىز شەھىرىگە ئوت قويۇپ، خەلقنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلايدۇ. چېركاۋدىكى
پاپالارنىڭمۇ كاللىسى ئېلىندۇ. ھۇنلارنىڭ بۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىقىدا پەقەت
سىتپخانوس چېركاۋى ئامان قالىدۇ. چۈنكى، سىتپخانوس بىلەن ئۇنىڭ ئىككى
ياردەمچىسى شەھەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، تەڭرىگە دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتقان بىر
دىندار كىشىگە، ئۆزلىرىنىڭ چۈشىدە خەلقلەر ئۆتكۈزگەن گۇناھى ۋە
يامانلىقلىرى ئۈچۈن شەھەرنىڭ ۋەيران بولدىغانلىقىنى، پەقەت سىتپخانوس
چىركاۋىنىڭ ساق قالدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن تەڭرىنىڭ قوغدىشىغا
ئېرىشكەن سىتىپخانوس چىركاۋى ھۇنلار باستۇرۇپ كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ
كۆزىگە قىيا ھالىتىدە كۆرۇنۇپ ھۇنلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن ئامان قالىدۇ.
پولشادا بارلىققا كەلگەن ئۈچنىچى خىل رىۋايەتتە بولسا، تونگىروس
شەھىرىنىڭ ئېپىسكوپى ئاراۋاتىئوس ھەققىدىكى رىۋايەتتۇر. بۇ رىۋايەتتە
ئېيتىلىشىچە، ئېپىسكوپ ئاراۋاتىئوس ئاتتىلانىڭ پولشاغا يېقىنلاشقانلىق
خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئالدىراپ-تېنەپ رىم شەھىرىگە بېرىپ، بىر قەبرىستانلىقتا
ئۆز خەلقى ئۈچۈن تەڭرىگە دۇئا-تىلاۋەت قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئاراۋاتىئوسقا
غايىبتىپ: «ھەي! ئەزىز كىشى، نېمىشقا مېنى ئاۋارە قىلىسەن، تەڭرى ھۇنلارنى
پولشاغا بېرىپ، ئۇ يەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلۋېتىشكە قارار قىلدى، مېنىڭ
نەسھىتىمنى ئاڭلا، سەن دەرھال قايتىپ بېرىپ ئۆيۈڭنى تۈزەشتۈرۈپ،
ئاخرەتلىكىڭگە تەييارلىق قىلغىن» دېگەن سادا ئاڭلىنىدۇ. ئېپىسكوپ غايىبتىن
كەلگەن ئاۋازنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىدۇ. ئۇ پاپا ۋە جامائەت بىلەن
خوشلاشقاندىن كېيىن، ماستىرخىتقا بېرىپ، شۇ يەردە ئېغىر كېسەلگە گېرىپتار
بولۇپ، ھۇنلار يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن جان ئۈزىدۇ.
مىلادىيە 8-، 9-ئەسىرلەردە بارلىققا كەلگەن گىنوۋىۋا رىۋايىتىدىمۇ ئاتتلاغا
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بولغان. بۇ رىۋايەتتە ئېيتىلىشچە، ئاتتىلانىڭ
پولشانى ئىشغال قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان پارىژ خەلقى، شەھەرنى تاشلاپ
قوغدىنىشقا ئەپلىك بىر جايغا قاچماقچى بولىدۇ. بۇ چاغدا گىنوۋىۋا ئوتتۇرىغا
چىقىپ، پارىژ خەلقىگە شەھەرنىڭ ھۇنلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن ئامان
قالدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. پارىژ خەلقى ئۇنى پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىدى
دەپ،ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. بۇ چاغدا گېرمانىيىدىن بىر خەۋەرچى كېلىپ،
گىنوۋىۋانىڭ دېگەنلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئسپاتلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن پارىژ
خەلقى ھۇنلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئامان قالىدۇ.
تىرويىس شەھىرىنىڭ قوغدىغۇچى ئەۋلىياسى، دەپ قارالغان لوپۇس ئاتتىلادىن
تىرويىس شەھىرىگە كىرمەسلىكنى ئۆتىنىدۇ. ئاتتىلا ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى قوبۇل
قىلىدۇ. ئاتتىلا بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇنىڭدىن رىيىن دەرياسىغا باردىغان يولنى
كۆرسىتىپ قويۇشنى سورايدۇ. لوپۇس ئاتتىلانى رىيىن دەرياسىغا باشلاپ
بارغاندىن كېيىن، ئاتتىلا ئۇنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۋېتىدۇ. ئاتتىلا ۋە
لوپۇس رىۋايىتى يەنە مىلادىيە 8-مىمورىس رىۋايىتىدىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ
رىۋايەتتە ئاتتىلا زالىم، قانخور پادىشاھ سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ
رىۋايەتتە ئېيتىلىشچە، لوپۇس تىرويىس شەھىرىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن،
كېچە-كۈندۈز تەڭرىگە دۇئا-تىلاۋەت قىلىدۇ. لوپۇس بىر كۈنى ئاخشىمى چۈشىدە
بىر مالائىكىنىڭ ئۇنىڭغا گۇناھكار 12 كىچىك بالىنى يۇيۇندۇرۇپ، ئۇلارنى
پاپا ۋە مىمورىس بىلەن بىرلىكتە ئاتتىلانىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشقا
بۇيرۇيدۇ. لوپۇس مالائىكىنىڭ دېگىنىدەك قىلىدۇ. ئاتتىلا بۇ ئىشنىڭ شەپىسىنى
ئاڭلاپ ئەندىشىگە چۈشىدۇ. ئاتتىلا كەلگەنلەرنىڭ ئىسمىنى سورايدۇ. مىمورىس
ئاتتىلانىڭ ئالدىغا بېرىپ، لوپۇسنىڭ شەھىرىگە چېقىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.
غەزەبلەنگەن ئاتتىلا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پاپا بىلەن 12 بالىنىڭ كاللىسىنى
ئېلىپ، كېرسىت بەلگىسىنى ئوتقا تاشلاپ، كۆيدۈرىۋېتىدۇ. كۆيۈۋاتقان ئوتتىن
چاچىراپ چىققان بىر ئۇچقۇن ئاتتىلانىڭ خاس خىزمەتچىلىردىن بىرنىڭ كۆزىنى
كور قىلۋېتىدۇ. بۇ چاغدا مىمورىس ئاتتىلارغا قاراپ:
ـــ خىرىستىئان دىنى تەڭرىسىگە ئىشەنسەڭ، ئۇنىڭ كۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ
بېرىمەن، دەيدۇ.
—
ئاتتىلا ئىشىنىمەن، دەيدۇ.
مىمورىس خىزمەتچىنىڭ كۆزىنى ئايەت ئوقۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئاتتىلا
ئۇنىڭدىن:
—
ئىسمىڭ نېمە؟ دەپ سورايدۇ.
—
تەڭرىگە ئېتىقاد قىلساڭ ئېيتىپ بېرىمەن دەيدۇ، مىمورىس.
—
ئاتتىلا ئېتىقاد قىلىمەن، دەيدۇ.
مىنىڭ ئىسمىم مىمورىس، سېنىڭ ئىسىمىڭ نېمە؟
ـــ ئاتتىلا: ئىسمىم ئاتخىلا، قوماندانىمنىڭ ئىسمى بولسا سىلىئوس، دەپ
جاۋاپ بەرگەندىن كېيىن، مىمورىسنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، جەسىتىنى دەرياغا
تاشلاتقۇزۋېتىدۇ. شۇ كېچىسى قاتتىق بوران چىقىپ كېتىپ، ئاتتىلانىڭ قوشۇنى
تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كېتىدۇ.
كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە لوپۇس رىۋايىتىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلگەن.
«رىۋايەتلەر توپلىمى» دېگەن كىتابتا ۋە باشقا رىۋايەتلەردە بايان
قىلىنىشچە، تىرويىس ئېپىسكوپى لوپۇس ئاتتىلادىن:
—
بۇ يەرنى ۋەيران قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئەركىن مېڭىپ يۈرگەن قايسىڭ؟ دەپ
سورايدۇ. ئاتتىلا:
—
ھۇنلارنىڭ ئېمپىراتورى، تەڭرى قامچىسى ــ ئاتتىلامەن، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
لوپۇس قاتتىق ئۇھ تارتىپ، يالغاندىن نەيرەڭ ئىشىلتىپ:
ـــ مەن بولسام تەڭرىنىڭ قامچىسىنى توغرا يولغا باشلايدىغان بۆرىمەن،مەن
تەڭرىنىڭ پادىلىرىنى قوغدايمە، دەيدۇ ـ دە شەھەر دەرۋازسىنى. ئېچىپ بېرىدۇ.
ھۇنلارشەھەرگە زادىلا چېقىلماستىن ئۆتۇپ كېتىدۇ.ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ كېيىنىكى
دەۋىرلىرگە ئائىت مەنبەلەردە رىيمىس ئېپىسكوپى نىكاسئوس بىلەن ئۇنىڭ
سىڭلىسى پىتىرپىيانىڭ ئۆلتۈرىلىشنىڭ ئاتتىلاغا يۇككلەنگەنلىكى رىۋايەت
قىلىنغان. ھالبۇكى، قەدىمكى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ ئاكا-سىڭىلار
ۋانداللارنىڭ ھۇخۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەنىكەن.
ئاتتىلاغا ئائىت رىۋايەتنىڭ ئەڭ مەشھۇرى ئۇرسۇلار ۋە ئۇنىڭ 11 مىڭ
كىنىزىكىنىڭ قۇربان بولۇش رىۋايىتىدۇر.
بۇ
رىۋايەتتە مۇنداق ۋەقە بايان قىلىندۇ: قۇدىرەتلىك بىر ئەلىنىڭ شاھزادىسى
ئەنگىلىيە پادىشاھىنىڭ مەلىكىسى ئۇرسۇلابىلەن توي قىلىشنى تەلەپ
قىلىدۇ.ئۇرسۇلا بۇ شاھزاىددىن خرستىئان دىنغا ئېتقان قىلىشنى، خرىستىئان
دىنىنىڭ ئەقىدە-پىرىنسىپلىرىنى مۇكەممەل ئىگىلەش ئۈچۈن ئۈچ يىل
كېتىدىغانلىقىنى ئېيىتپ، مۇشۇ ئۈچ يىل ئىچىدە كۆرۈنۈشتە ئەر-خوتۇن بولۇش
شەرتى بىلەن توي قىلىشقا ماقۇل بولىدۇ.
ئۇرسۇلار ئون قىز دوستى ۋە 11مىڭ كىنىىزىكى بىلەن بىلە كېمىگە
چۈشۈپ،شاھزادىنىڭ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار شاھزادىنىڭ شەھىرىگە
يېتىپ بارغاندىن كېيىن،كېمىدىن زادىلا چۈشكىلى ئۇنمايدۇ.ئۇچ يىل توشقاندىن
كېيىن،توساتتىن كۆتۈرۈلگەن قاتتىق بوران كېمىنى سۇرۇپ كۆلىنگە ئاپىرىپ
قويىدۇ. قىزلار ئۇيەردە كېمىدىن چۇشىدۇ. بۇۋاقىتتا بىر مالائىكە ئۇرسۇلاغا
ئۇنىڭ 11 مىڭ كىنىزىكىنىڭ شېھىت بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بىېرىدۇ.قىزلار
كېمىگە چىقىپ، بەسەل شەھىرگە بارىدۇ. ئۇ يەردىن پىيادە مېڭىپ رىم شەھىرىگە
بارىدۇ. رىمدىن يەنە سۇ يولى ئارقلىق كۆلىنگە قايتىپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا
ھۇنلار كۆلننى-بولارپ تالاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار كېمىدىن چۈشكەن قىزلارنىڭ
ئۇرسۇلادىن باشقا ھەممىسىنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. ئاتتىلا ئۇرسۇلانى كۆرۈپ
ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغاچقا، ئۇنى ئۆلتۈرمەي ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى
تەلەپ قىلىدۇ. ئۇرسۇلا ئاتىللانىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدۇ. تەلىپى رەت
قىلىنغان ئاتىللا قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۇرسۇلانى ئوقيا بىلەن ئېتىپ
ئۆلتۈرىدۇ. ھۇنلار كېمىنى بولاشقا تەمشەلگەندە، كېمىسىدە 11 نەپەر مالائىكە
ئەسكەرلىرى بىلەن سوقۇشىدۇ. ئۇرۇشتا ھۇنلار مەغلۇپ بولۇپ، كۆلن شەھىرىمۇ
ئامان قالىدۇ.
5.
ئىتالىيە رىۋايەتلىرىدىكى ئاتتىلا
ئىتالىيىدە ئاتتىلا رىۋايىتى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا كەڭ
تارقالغان. ئاچۇيلا(ئاكۇيلا) مۇھاسىرە قىلىنىشى، شىمالىي ئىتالىينىڭ ئىشغال
قىلىنىشى، پاپالىئوⅠ
بىلەن ئاتتىللانىڭ كۆرۈشۈشى ۋە ئاتتىلانىڭ ھۇنارىيا بىلەن توي قىلماقچى
بولغانلىقى، تارىخچىلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ھەممە كىشىلەرگە مەلۇم بولغان
ھەمدە ئاتتىلا ھەققىدە نۇرغۇن رىۋايەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا مەنبە بولغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاتتىلادىن 100 يىل كېيىن رىم شەھىرىنى مۇھاسىرىگە
ئالغان شەرقىي گوت پادىشاھى تۇتىلانىڭ نامىنى ئاتتىلا بىلەن تەڭلەشتۈرۈش
ئۈچۈن، تۇتىلانىڭ نۇرغۇن پائالىيەتلىرى ئاتتىلاغا مال قىلۋېتىلگەن.
ئىتالىيىنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىنى يازغان مالاسپىنا(مىلادىيە 1281-يىلى
ئالەمدىن ئۆتكەن) ۋە ۋىللانى(مىلادىيە 1348- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ
رىۋايەت قىلىشىچە، ئاتتىلا فلورىنسىيا(ئىتالىيە)دىكى مەشھۇر كىشلەرنىڭ
ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ كاللىسىنى ئالغاندىن
كېيىن، فلورىنسىيا شەھىرىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋەتكەن. دانتى ئاتتىلانى
دوزاقنىڭ 7-قەۋىتىدىكى قانخور زالىملار قاتارىغا قويغان.
ئاتتىلا ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلغاندا، پو دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتمىگەن.
تۇتىلا بولسا فلورىنسىيانى ھەقىقەتەن مۇھاسىرىگە ئالغان. تۇتىلا دېگەن
ئىسىم ئاتتىلا دېگەن ئىسىمغا يېقىن كەلگەچكە، ئاتتىلا تارىخىي ئەسەرلەردە
ۋە رىۋايەتلەردە فلورىنسىياغىچە بارغان قىلىپ سۆزلىنىدۇ.
ئىتالىيدە ئېقىپ يۈرگەن ئاتتىلا ھەققىدىكى رىۋايەتلەر مۇنداق باشلىنىدۇ:
ئاتتىلا ئىتالىيە سەپىرىدە ئاچۇيلاغا بارىدۇ. ئاتتىلا ئىستىھكاملىرى
مۇستەھكەم ئاچۇيلا شەھىرىنى زادىلا قولغا كىرگۈزەلمەيدۇ. ئاتتىلانىڭ قوشۇنى
بۇ شەھەردىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، چېكىنىپ كېتىشكە تەمشىلىپ تۇرغان چاغدا،سېپىل
تېمى ئاستىدا ئۇچۇپ يۈرگەن تۇرنىلارنىڭ باچكىلىرىنى شەھەر سرتىدىكى
چاتقاللىقلارغا ئۇچۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. تۇرنىلارنىڭ كۆچىشىنى
ئاتتىلا غەلبىنىڭ بىشارىتى دەپ بىلىپ، شەھەرنىڭ ئۇزۇنغا بارماي ھۇنلارنىڭ
قولىغا چۈشىدىغانلىقىغا ئىشىندۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئاتتىلا قايتا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ
شەھەرنى ئىشغال قىلىدۇ.
تۆۋەندە بايان قىلىنماقچى بولغان مودىنا ئېپىسكوپى گىمنىئانوس رىۋايىتى
لوپۇس رىۋايىتىنى ئەسلىتىدۇ. ئاتتىلا ھۇنلار تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىنغان
مودېنا شەھىرى ئۈستىدە تۇرۇپ خەلققە ئىلھام بېرىۋاتقان كىشىدىن – سەن كىم ؟
دەپ سورايدۇ. ئېپىسكوپ:
ـــ تەڭىرنىڭ قۇلىمەن، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
ئاتتىلا بۇنىڭغا جاۋابەن ناھايىتى مەغرۇر ھالدا:
ـــ ئەگەر سەن تەڭرىنىڭ قۇلى بولساڭ، مەن تەڭرىنىڭ قامچىسى ــ ئاتتىلا
بولىمەن. ئىتائەتسىزلىك قىلغان ۋە ئۆز خانىنىڭ ئەمىرىگە بويۇنتاۋلىق
قىلغانلارنى دۇمبالاشقا ۋە قامچىلاشقا ھەقلىقتۇر، دەيدۇ. ئاتتىلانىڭ سۆزىنى
ئاڭلىغان گىمنىئانوس ناھايىتى سىلىقلىق بىلەن:
پۈتۈن قۇدىرەت تەڭرىنىڭ قولىدا تۇرۇپتۇ، سەن ئۆزۈڭنىڭ تەڭرىنىڭ قامچىسى
ئىكەنلىكىڭنى ئېيىتقان يەردە، مەن يەنىلا ئۆزۈمنى تەڭرىنىڭ قۇلى دەپ
سانايمەن، شۇڭا ئۇنىڭ قامچىسىغا قارىشى چىقمايمەن، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ ۋە
شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ھۇنلار شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن ھېچقانداق
نەرسىگە چېقىلمايدۇ.
مىلادىيە 9-ئەسىردە ياشىغان ئاگنىللوس راۋاننا(غەربىي رىم پايتەختى)نىڭ باش
ئېپىسكوپى جۇھاننىسنىڭمۇ راۋاننانى ھۇنلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ
قالدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلدۇ. بۇ رىۋايەتتە ئاتتىلا بىر خرىستىئان مۇخلىسى
سۇپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. بۇ رىۋايەتتە بايان قىلىنىشىچە، ھۇنلار راۋاننا
شەھىرىگە قاراپ ھۇجۇمغا ئۆتكەندە، ئېغىر تەھدىتنى كۆرگەن بەش ئېپىسكوپ
جۇھاننىس پاپا بىلەن بىرلىكتە ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئاتتىلانىڭ
ئالدىغا بارىدۇ. تەختتە ئولتۇرغان ئاتتىلا پاپا باشچىلىقىدىكى بىر توپ
كىشلەرنى كۆرۈپ ئەتراپتىكىلەرگە:
—
ئىلاھىي سۆز قىلىدىغان بۇ ئۇلۇغ كىشىلەر كىم ؟ئۇلار نېمە قىلماقچى؟ بۇنداق
كىشلەرنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، بۇلار قاردىنمۇ ئاق، جىمىكى ئېسىل
نەرسىلەردىنمۇ گۈزەل ۋە ناھايىتى پەزىلەتلىك تاللانغان كىشىلەر ئىكەن،
دەيدۇ. ۋەكىللەر توپنىڭ ئالدىدا تۇرغان باش ئېپىسكوپ ئاتتىلاغا ئۆز
ئوغۇللىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاتتىلا بۇ
ئوغۇللارنىڭ مەنىۋىي ئوغۇل ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەچكە، چىرايى بىردىنلا
ئۆزگىرىپ ھوشىدىن كېتىدۇ. ئۇ چۈش كۆرۈپ جەننەتتكە كرېستكە باغلانغان
ئەيسانى كۆرىدۇ. ئاتتىلا ھوشىغا كېلىپ:
ــ
ھەي! ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئۆز جېنىنى ئۆلۈمگە ئاتىغان ئۇلۇغ ئاتا،ھەي!
تەرىپلىگۈسىز مۇقەددەس سەۋىرچان كىشى، دەپ خىتاب قىلىدۇ. ئاتتىلا
شەھەرگە چېقىلماستىن شەھەر كوچىلىرىدىن قوراللىق ھالدا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئاتتىلانىڭ شىمالىي ئىتالىيىدە ئېلىپ بارغان يۈرۈشلىرى نۇرغۇنلىغان
رىۋايەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالغان . شۇڭا، شىمالىي
ئىتالىيىدىكى شەھەرلەرنىڭ تارىخى ئاتتىلانىڭ فۇتۇ ھاتىدىن كېيىن باشلىنىدۇ.
ئېلىپ ئېيتساق، ۋېنىتسيىلىكلەر ئۆزىنىڭ ئەجدادىنى ئاچۇيلا شەھىرى ۋەيران
بولغاندىن كېيىن، ھازىرقى ۋېنىتسىيىگە كۆچۈپ كەلگەن، دەپ بىلىدۇ. مىلادىيە
10ـ ئەسىرگە مەنسۇپ بىر ۋېنىتسىيە يىلنامىسىدە رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئاتتىلا
زور قوشۇن بىلەن ۋېنىتسىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا، بۇ يەردىكى خەلقلەر سۇ
ئۈستىگە سېلىنغان ئۆيلەرگە قاراپ كۆچكەن. بۇ چاغدا تەڭرى ھۇنلارنىڭ ئەقلىنى
بۇلغىغان، ھۇنلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزىنى سۇغا تاشلاپ، بىر قىسىمى بىر-بىرىنى
سۇغا ئىتتىرىپ ئۆلىۋېلىشقان. يەنە بەزىلىرى تاغنىڭ ئۈستىدىن ئۆزىنى سۇغا
ياكى كۆيىۋاتقان ئوتقا تاشلاپ ئۆلىۋالغان.
ئاتتىلا ۋە ھۇنلارنىڭ ئىتالىيىدە ئۆز ھاياتىدىن ئايرىلىشى ئىتالىيە
رىۋايەتلىرىنىڭ ئاساسىي موتىفى ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ئەسلىدە ئاتتىلادىن
ئەمەس،بەلكى تۇتىلانىڭ ھېكايىسىدىن ئىزدەشكە بولىدۇ. تۇتىلا ھەقىقەتەن
ئىتالىيىدە شەرقىي رىم قوماندانى نارسېس بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان چاغدا،ئوق
تېگىپ ئۆلگەن. بۇ يەردە تۇتىلانىڭ ھاياتى ۋە ئۆلىمىگە توقۇلغان رىۋايەتلەر
ئاتتىلاغا يۆكلەنگەن.
مىلادىيە 10-ئەسىردە ياشىغان كونىستانتىنوسمۇ قەدىمكى ۋېنىتسىيىنىڭ
تارىخىنى ئاتتىلاغا باغلايدۇ. كونىستانتىنوسنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە،
ھۇنلارنىڭ ئىمپېراتورى ئاتتىلا قوشۇن باشلاپ كېلىپ، پۈتۈن فرانىكلار
دۆلىتىنى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلغاندىن كېيىن، فرانىكلار ئاچۇيلا بىلەن فرانىك
دۆلىتىنىڭ يەنە بىر قەلئەسىدىن قېچىپ چىقىپ، ۋېنىتسىيىدىكى بوش ئاراللارغا
كۆچكەن ھەم بۇ يەردە ئۆي –جاي سېلىپ ماكانلاشقان.
غەرب مەنبەلىرىنىڭ ئاتتىلا ھەققىدە بەرگەن سەلبىي خاراكتېردىكى رۋايىتىدىن
ئىتالىيىدا ئىت يۈزلۈك ئاتتىلا رىۋايىتىدىن بىرى پەيدا بولغان. ئاتتىلانىڭ
تاقىر بېشى ۋە ئىتنىكىگىگە ئوخشايدىغان قۇلاقلىرىنىڭ بارلىقى تۇنجى قېتىم
مالاسپىنانىڭ ئەسىردە تىلىغا ئېلىنغان. مەلۇمكى،مالاسپىنا جوردانىسنىڭ
ئاتتىلانىڭ ساقىلى ھەققىدە ئىشلەتكەن «canisaspersus»
يەنى «ئاق چۈشكەن» دېگەن سۆزنى خاتا ھالدا «canisaspertus»
يەنى «ئىت يۈزلۈك» دېگەن شەكىلدە ئوقۇۋالغان. شۇڭلاشقا، پىلنوس قاتارلىق
نۇرغۇنلىغان ئالىملار ئاتتىلانى قەدىمكى ئىت باشلىق خەلقلەر بىلەن بىر
بولسا كېرەك، دەپ قارىغان. مىلادىيە 14-ئەسىردە ئاتتىلانىڭ ئىتتىن
تۇغۇلغانلىقى توغرىسىدا ھېكايىمۇ يېزىلغان. بۇ ھېكايىنىڭ دەسلەپكى شەكىلى
ۋېنىتسىيدىكى سان-ماركو كۈتۈبخانىسىدا ساقلانغان «ئاتتىلا ھېكايىسى»دە
ئۇچرايدۇ. يەنە شۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كاسۇلا دېگەن بىر شائىر بۇ
توغرىسىدا داستاندىن بىرنى يازغان. داستاندا ئاتتىلا ھۇنلارنىڭ خانى ئەمەس،
بەلكى ھۇنگىرلارنىڭ خانى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن.
بۇ داستاندا ئېيتىلىشچە، ئەينى ۋاقىتتىكى ھۇنگىرىيىدە ئوستۇرۇبال دېگەن بىر
پادىشاھنىڭ دۇنيادا تەڭدىشى يوق گۈزەل بىر مەلىكىسى بولغان. بۇ قىزغا
نۇرغۇن يىگىتلەر توي قىلىش تەكلىپىنى قويغان بولسىمۇ، قىز ھەممىسىنىڭ
تەلىپىنى رەت قىلغان. مەلىكىنىڭ ئانىسى ئۇنى شەرقىي رىم ئېمپىراتورى
كونستانتىنوسنىڭ ئوغلى ھىراكلىئوسقا ياتلىق قىلىش نىيىتى بولغاچقا،
مەلىكىنى نۇرغۇن كېنىزەكلەر بىلەن بىرگە، ئېگىز بىر قەلئەگە سولاپ قۇيۇپ
نازارەت قىلغان. ئانىسى مەلىكىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى
پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۇزۇق-تۈلىكىنى ئارغامچا ئارقىلىق
يەتكۈزۈپ بەرگەن. مەلىكە ئۆزى بىلەن بىرگە بىر كىچىك كۈچۈكنى ئېلىۋالغان
بولۇپ، ئاخشىمى بۇ كۈچۈك بىلەن يېتىپ-قوپقان. كۈچۈك چوڭايغاندىن كېيىن
مەلىكە ئۇنىڭدىن ھامىلدار بولۇپ قالغان. پادىشاھ بۇ سەتچىلىكتىن قۇتۇلۇش
ئۈچۈن، دەرھال مەلىكىنىڭ تويىنى قىلىۋەتكەن. مەلىكىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشۇپ
كۆزى يۇرىغاندا، ئىتقا ئوخشاش بوۋاقتىن بىرى تۇغۇلغان. بالىغا ئاتتىلا دەپ
ئىسىم قويۇلغان. ئاتتىلا چوڭ بولغاندىن كېيىن، چوڭ دادىسىنىڭ تەختىگە
ئولتۇرغان. ئاتتىلا ناھايىتى ئەقىل-پاراسەتلىك، ئەخلاقىي-پەزىلەتلىك ۋە
كۆتىرەڭگۈ روھلۇق بولغاچقا، قوشنا ئەللەرنىڭ پادىشاھ، بەگلىرى ئۇنى
ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ قالغان. ئاتتىلا خىرىستىئانلارغا بەك ئۆچمەنلىك
قىلغان. ئۇ كاتولىك دىنىنىڭ ھۇنگىرىيىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ،
قاتتىق غەزەپلەنگەن ھەم قوشۇن باشلاپ يول بويى ئالدىغا ئۇچرىغان ھەر قانداق
نەرسىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇدۇل ئاچۇيلا شەھىرىگە يېتىپ بارغان. داستاننىڭ
بۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلۈملىرى ناھايىتى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن بايان
قىلىنغان.
ئاتالمىش ئىتالىيە رىۋايەتلىرىدىكى ئىت يۈزلۈك ئاتتىلا ۋە ئۇنىڭ بىلەن
ئۇرۇش قىلغان ئىتالىيە پادىشاھلىرى توغرىسىدا ئىتالىيە ئەدەبىياتىدا
نۇرغۇنلىغان ھېكايە، مەسەل، داستان ۋە رومانلار يېزىلغان. مىلادىيە
14-ئەسىرگە ئائىت بىر ئىتالىيە يىلنامىسىدە، ئاچۇيلا تۇرنىلىرى رىۋايىتىنىڭ
بەزى ئىزلىرى ساقلانغان. بۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئاچۇيلا شەھەر خەلقى ئۆز
شەھىرىنىڭ يوقىتىلدىغانلىقىنى ئالدىن سەزگەچكە، شەھەرنى تاشلاپ قاچىدۇ.
ئۇلار ئۆزىنىڭ شەھەردىن قېچىپ چىققانلىقىنى چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن،
سېپىل تېمىغا ياغاچ قونچاقلارنى تىكلەپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ھىيلە-نەيرىڭى
ئاتتىلانىڭ بۈركۈتلىرىدىن بىرىنىڭ ياغاچ قونچاقنىڭ بېشىغا قونغاندا ئۇنىڭ
جىم تۇرغانلىقىدىن مەلۇم بولىدۇ. ئىتالىيە رىۋايەتلىرىنىڭ يەنە بىرىدە
ئاتتىلا بىر جاسۇس تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن قىلىپ
تەسۋىرلىنىدۇ.
ئاتتىلا ئەنئەنىسى ئىتالىيدە ئۇزۇن مەزگىل دەۋىر سۈرگەن، ھەتتا
ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدە توساتتىنلا ئاتتىلانىڭ رەسىمى
چۈشۈرۈلگەن تەڭگە پۇللارمۇ بېسىلغان. كۆمۈش ياكى مىستىن قۇيۇلغان بۇ
پۇللارنىڭ ياسىلىشى سەل قوپالىراق بولغان. كۆمۈشتىن قۇيۇلغان پۇلنىڭ ئالدى
يۈزىدە ئاتتىلانىڭ رەسىمى، «ئاتتىلا، 441-يىلى، كىرال» ياكى « كىرال، 441 -
يىلى، ئاتتىلا» دېگەن سۆز بار. ئارقا يۈزىدە بولسا ئۈستىگە «ئاچۇيلا» دەپ
يېزىلغان، ئاستىغا بىر شەھەر ياكى قەلئەنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن. مىستىن
قۇيۇلغان پۇلنىڭ ئالدى يۈزىدە ئاتتىلانىڭ رەسىمى، ئۇنىڭ چۆرىسىگە «تەڭرى
قېلىچى ئاتتىلا» ياكى « تەڭرى قېلىچى كىرال ئاتتىلا» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن.
ئارقا يۈزىدە بولسا، بىر قېرى كىشىنىڭ شىرنىڭ ئۈستىگە مىنىپ تۇرغان رەسىمى
چۈشۈرۈلگەن. بۇ مەزگىلدە ئىتالىيىدە يەنە ئاتتىلانىڭ ئاكىسى بۇدانىڭ خاتىرە
پۇلىمۇ قايتا بېسىلغان.
6. گېرمانىيە رىۋايەتلىرىدىكى ئاتتىلا
گېرمان مىللەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرگە مەنسۇپ قەھرىمانلىق داستانلىرىدا
ئۇلۇغ ئېمپىراتور ئاتتىلانىڭ نامى خېلىلا كۆپ تىلغا ئېلىنغان.
قەدىمكى گېرمان قەھرىمانلىق داستانلىرىدا ئاتتىلانىڭ سارىيىدا گېرمان
پادىشاھلىرىنىڭ تۇرغانلىقى ياكى گېرمان شاھزادىلىرىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلگەنلىكى،
ئاتتىلانىڭ ئىنتايىن روھلۇق، مېھىرىبان، ئاقكۆڭۈل، ئېسىل ئادەم ئىكەنلىكى
ئالاھىدە تەسۋىرلىنىدۇ. گېرمانىيىدە ئاتتىلانىڭ ئىسىمى مىلادىيە 9-ئەسىرگە
ئائىت «ھىلدبراند داستانى»دا تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان. لېكىن ئۇنىڭدا
ئىش-ئىزلىرى رىۋايەت قىلىنمايدۇ. مىلادىيە 10-ئەسىرگە ئائىت «كۈچلۈك
بىلەكلىك
w
داستانى»دا ئاتتىلا ۋە ھۇنلار توغرىسىدا خېلى كۆپ رىۋايەت سۆزلىنىدۇ. بۇ
داستاندا ئېيتىلىشچە، ئاتتىلا ئىلگىرىكى زەپەرلىرىنى قايتا تەكرارلاش
ئۈچۈن، گىبىچۇغا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا، بىردىنلا نىيىتىدىن يېنىپ،
ئۇنىڭ بىلەن تىنىچلىق كېلىشىمى ئورنىتىپ، ئۇنىڭ ئوغلى خاگىننى ئۆز ئوردىسدا
تۇرغاقلىققا ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاتتىلا بۇرگىندلار ئۈستىگە يۈرۈش
قىلىدۇ. ئاتتىلا ئۇلار بىلەنمۇ كېلىشىم تۈزۈپ، بۇرگۇند پادىشاھىنىڭ ئوغلى
ھىلدىگوندنى تۇرغاقلىق ئۈچۈن ھۇنگىريىگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئاتتىلا يەنە
ئاچۇيتانىيا پادشاھى ئالىپخىرنىڭ ئوغلى ۋالخارۇسنى تۇرغاقلىققا ئالىدۇ. بۇ
گىرمانىيە شاھزادىلىرى ئاتتىلانىڭ ئوردىسىدا ھۇنلارنىڭ مۇنتىزىم ھەربىي
تەلىم-تەربىيىسى ئاستىدا ئۆسۈپ- يېتىلىدۇ. ھەمدە ئۇلار ھۇنلارنىڭ
قوماندانلىرى دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىدۇ. كېيىن بېۇ شاھزادىلەر ئاتتىلادىن
يوشۇرۇن ھالدا ئۆز دۆلىتىگە قېچىپ كېتىدۇ. ئاتتىلا ئۇلاردىن ئايرىلىپ
قالغانلىقىغا بەكمۇ ھەسرەت چېكىدۇ.
مىلادىيە 13-ئەسىردە ياشىغان ئاۋستىرالىيىلىك ئىسمى نامەلۇم بىر شائىر
تەرىپىدىن يېزىلىغان «نىبۇلۇڭلار ھەققىدە قوشاق» ناملىق ئىپوستا مۇنداق
ۋەقەلىك رىۋايەت قىلىندۇ: ئەتىزەل (بۇ داستاندا ئاتتىلا ئەتزەل دەپ
ئېلىنغان) چوڭ خانىش ئارىغقان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، خاگىن تەرىپىدىن
ئۆلتۈرۈلگەن سيگفىرىدنىڭ تۇل قالغان خانىش كىريمخىلد بىلەن توي قىلىشنى
تەلىپ قلىدۇ. ئەتزەل ناھايتى شۆھرەتلىك، قۇدىرەتلىك پادىشا بولسىمۇ، لېكىن
ئۇ كۆپ خۇدالىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغاچقا، دىنىي ئايرىمىلىق
تۇپەيلىدىن ئۆز تەلىپىنى رت قىلىنىشىدىن ئەندىشە قلىدۇ. ئەتىزەلنىڭ ئەلچىسى
كىريمخىلدقا ئەتزەلنىڭ ئوردىسىدا خرىستىئان دىنغا ئېتقات قىلىدغان بىر
قانچە قوماندانىڭ بارلىقىنى ۋە ئەتزەلنىڭ ۋاقىتسىز (خرستىئان دىنىغا
كىرگەنلەرنىڭ يۇيۇنۇپ پاكلىنىش) قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنى قايىل قىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ يوي مۇراسىمى دەسلەپتە ۋېنادا،كېيىن ئەتزەلنىڭ پايتەختى
ئەرزەلبورگدا ئۆتكۈزىلىدۇ.
كىريمخلد ئۆلۈپ كەتكەن ئېرى سيگفىرىدنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇرگۇندلار
(نىبۇلۇڭلار)نى ئەتزەلبورگقا تەكلىپ قىلىدۇ. ھېچقانداق ئىشتىن خەۋىرى
بولمىغان ئەتزەل قېيىن ئىنىسى ۋە سيگفىرىدنىڭ قاتىلى خاگىننى ناھايىتى
قىزغىن كۇتىۋالىدۇ. ئەتزەل مېھمانلارنىڭ شەرىپىگە ئەڭ ياخشى جەڭ
ئويۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. بۇ چاغدا ھۇنلار بىلەن بۇرگۇندىلار ئوتتۇرسىدا
قانلىق ئۇرۇش پارتلايدۇ . ئۇرۇشتا تۇنجى بولۇپ ئەتزەلنىڭ ئاكىسى بىلۆدەل
(بىلەندا – بۇدا ) جېنىدىن ئايرىلىدۇ . مىڭلىغان ھۇنلار قۇربان بولىدۇ.
ئەتزەل تېخىچە نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي قالىدۇ. كېيىن ئەتزەل ئۆز
ئوغلىنىڭ خاگىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرەلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن. ئاندىن
ئۇرۇشقا ئاتلىنىپ كىريمخىلدانى ئۆلتۈرۈپ، بۇرگۇندالارنى قىرىپ تاشلايدۇ .
«نىبولۇڭ داستانى «دا يەنە ئەتزەل بېشىغا داۋاملىق دوبولغا كىيىپ
يۈرەتتى،ئادەملىرىنى چوڭ بىر زالدا قوبۇل قىلاتتى، ئەتزەل ناھايىتى ئېسىل
ياسالغان بىر تەختتە ئولتۇراتتى، ئەجدادلىرىنىڭ ئش-ئىزلىرى ئويۇلغان بىر
قاچىدا غىزالىناتتى، دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.
كېيىنكى چاغلاردا گېرمانلار ئارسىدا بارلىقا كەلگەن «گۈل باغچىسى»،
«ئەتزەلنىڭ ساريىى» ۋە «شىكايەت» قاتارلىق داستانلاردىكى ئاتتىلا رىۋايىتى
يۇقىرىدا سۆزلەنگەن «نىبۇلۇڭ داستانى» دىكى ۋەقەلىك بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
ئاتتىلا شىمالىي گېرمان مىلەتلىرىنىڭ رىۋايىتىدىمۇ ئۇچىرايدۇ. ئاتتىلا
قەدىمكى ئىسلاندىيە تىلىدا يېزىلغان «ئېددا داستانى »دا«ئاتلى» دېگەن ئىسىم
بىلەن بايان قىلىنىدۇ. بۇ داستاندا ئاتلى «ئاتتىلا»نىڭ قۇۋ، مەككار،
مال-دۇنياغا ئامراق كىشى ئىكەنلىكى،گوت ۋە بۇرگۇندلار نىڭ قەھرىمانلىرىنى
ھىلەن بىلەن توزاققا دەسسىتىپ يوقاتقانلىقى سۆزلىنىدۇ.
«ئاتلا چۇيدا» دېگەن ئېددا خەلق ناخشىسىدا تەسۋىرلىنىشىچە، ئاتلى ئۆزىنىڭ
قېينى ئىنىسى گۇننارنى دوستلىرى بىلەن بىرگە مېھمانغا تەكلىپ قىلىدۇ.
ئاتلىنىڭ خانىشى گوردۇن ئۆز ئىنىسى گۇننارنىڭ بىرەر خەۋىپكە ئۇچىراپ
قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بۆرىنىڭ تۈكى بىلەن قاپلانغان بىر ئالتۇن ئۈزۈك
ئەۋەتىدۇ. خاگىن گۇننارنى ئاتلىنىڭ قېشىغا بارماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ. گۇنار
ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، يېقىن دوستلىرىنى ئېلىپ يولغا چىقىدۇ. ئاتلى
قۇشۇنى بىلەن گۇننارنى بىر قەلئەدە ساقلاپ تۇرىدۇ.گۇننار قەلئەگە كېلىشى
بىلەنلا ئاتلى ئۇنى تۇتۇپ باغلاپ ئۇنى نىبۇلۇڭ غەزىنىسىنىڭ قەيەرگە
يۇشۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشكە قىستايدۇ. گۇننار بۇنى زادىلا ئېيتىمايدۇ.
ئاتىلى گۇننارنى بىر توپ يىلانلار ئارسىغا تاشلاپ ئۇلارغا يەمچۈك قىلىپ
بېرىدۇ. گوردۇن ئاتلىدىن ئىنسنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاتلىنىڭ
بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، گۆشىنى پىشۇرۇپ ئاتلىنىڭ تامىقىغا قوشىۇۋېتىدۇ.
ئۇلارنىڭ باش سۆڭىكىدە ئاتلىغا شاراپ قويۇپ بېرىدۇ. ئاخىرىدا مەس بولغان
ئاتلىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ سارىيغا ئوت قويۇپ كۆيدۈۈۋېتىدۇ.
بۇ
رىۋايەتە «ئاتلامال»دېگەن ئېددا خەلق ناخشىسىدا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ.
گوردۇن خاس خىزمەتچىسى ئارقىلىق ئىنىسىگە يامان كۈننىڭ يېقىنلاپ
قالغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن، خەت ئەۋەتىدۇ. خەتنى ئېلىپ ماڭغان خاس
خىزمەتچى يېرىم يولغا كەلگەندە، ئۇنىڭغا يېزىلغان سۆزنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن گۇننار ئاتلىنىڭ قەلئەسىگە يېتىپ كېلىدۇ. ئاتلى ئۇنى تۇتۇپ
دارغا ئاسىدۇ. گوردۇن ئىنىسىنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاتلىنىڭ باللىرىنى
ئۆلتۈرۈپ، گوشىنى ئۇنىڭغا يېگۈزۋېتىدۇ.خاگىن ئاتلى قاتتىق ئۇخلاۋاتقان
چاغدا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.
بۇ
رىۋايەتلەردە ھۇن ئېمپىراتورى ئاتتىلانىڭ ئۆز خانىشى تەرىپىدىن سۇيقەست
بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخى پاكىت بايان قىلىنغان.
«ھۇللارنىڭ ئۇرۇشى» دېگەن قەدىمكى شىمالىي گېرمان داستانىدا ئاتتىلا
«ھۇملى» دېگەن ئىسىم بىلەن رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇ داستاندا مۇنداق سۆزلىندۇ
: گوت پادشاھى ھىدرىكنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا ھۇملىنىڭ ئوردىسىدا تۇرغاق
بولۇپ تۇرۇپ، ھۇملىنىڭ بىۋاستە تەربىيىسىدە ئۆسۈپ-يىتىلگەن. پادشاھ ھىدىرىك
ئۆلگەندىن كېيىن، خىلودىر دادىسىنىڭ مىراسى ئۈچۈن گوت دۆلىتىنىڭ يېرىمىنى،
ئورمانلىقلارنى، يول بويىدىكى مۇقەددەس قەبرىستانلىقلارنى ۋە دىنىستىر
دەرياسىنىڭ بويىدىكى خاسىيەتلىك تاشنى ئۆزىگ بۆلۈپ بېرىشنى ئاكىسىدىن تەلەپ
قلىغان. ئاكىسى بۇنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ھۇملى نۇرغۇن كىشلىك قۇشۇن
بىلەن گوت پادىشالىقىغا يۈرۈش قىلغان. ئۇرۇشتا ۋە خىلودىر ھاياتىدىن
ئايىرىلغان.
دانىيە تارىخچىسى گىرامماتكوسنىڭ مىلادىيە 1200-يىلى يازغان
«دانىيىلىكلەرنىڭ قەھىرمانلىق داستانى» نىڭ ھۇنلارغا ئائىت قىسىمدا،
ئاتتىلا ھۇن دېگەن ئىسىم بىلەن بايان قىلىنىدۇ. داستاندا يېزىلىشچە، ھۇن
(ئاتتىلا) دانىيىلەكلەر بىلەن ئۇرۇش قىلۋاتقان چاغدا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.
ھۇنلارغا يەنە ھۇن دېگەن بىر كىشى قوماندان بولىدۇ. ئۇ 170نەپەر ھۇن
خانلىرى بىلەن بىرلىكتە دانىيىلىكلەرگە تەسلىم بولىدۇ.
مىلادىيە 13-ئەسىرگە ئائىت «تىدرىك داستانى» بولسا «نىبولۇڭ داستانى» نىڭ
داۋامىدەك قىلىدۇ. بۇ داستاندا مۇنداق بىر ۋەقە بايان قىلىنىدۇ: ئاتلى
پىرىز پادىشاھلىقىدىن تارتىۋالغان سۇسىك دېگەن جايدا تۇرىدۇ. ئاتلىنىڭ
يېنىدا بېرىتانىيە پادىشاھى ئارتوسنىڭ تىدرىك ۋە ھۆگنى (خاگىن) ئىككى
ئوغىلى چېچىپ كېلىدۇ. ئاتلى ئۇلارغا بىراندېنبورگ بىلەن رىيىن دەرياسى
بويىدىكى ئۇنگار ئورمانلىقىنى بولۇپ بېرىدۇ. مۇناپىق ھۆگىن ئاتتىلادىن يۈز
ئۆرۈپ ئۇنى غەزىنە يوشۇرۇلغان تاغقا سولاپ قويىدۇ. ئاتلى ئۇ يەردە
ئاشلىقتىن قىيلىنىپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
مىلادىيە 1400-يلى يېزىلىغان بىر يىلنامىدە رىۋايەت قىلىنىشچە، ئاتتىلا
ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرنىڭ بەزىلىرى ئەنگىليە، بەزىلىرى
ئىسپانىيە بىلەن ئىتالىيىگە كۆچۈپ كېتىدۇ. ھۇن ۋە گوتلارنىڭ خانلىق تەختىگە
گوت پادشاھى تىدرىك چىقىدۇ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان گېرمان مىلەتلىرى رىۋايەتلەردە ئاتتىلا ئىككى خىل
خارەكتىردە تەسۋىرلەنگەن. جەنۇبىي گىرمان رىۋايەتلىردە ئاتتىلا رەھىمدىل،
ئاق كۆڭۈل، ياخشى نىيەتلىك كۆتىرەڭگۈ روھلۇق، خۇش تەبىيەتلىك پادشاھ
سۈپىتىدە خاراكتېرلەنسە،شىمالىي گېرمان رىۋايىتىدە قانخور، زالىم،
قۇۋ-ھىلىگەر، مال- دۇنياغا ئامراق پادىشاھ سۈپىتىدە خارەكتېرلەنگەن.
7 .
ھۇنگر رىۋايەتلىرىدىكى ئاتتىلا
مىلادىيە 2-ئەسىردىن باشلاپ، فىن-ئۇغۇر تىللىرى ئائىلىسىگە مەنسۇپ
ماجارىلار (ئەسلى ئاتىلىشى مانسى-ماگىي، ئۇلار تۈركىي تىللىق مىللەتلەر
بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، تۈركچە ‹ئەر (ئار)› قۇشۇمچىسىنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن
ئۇلارنىڭ نامى ماجار دېگەن نامدا ئاتىلدىغان بولدى) ھۇنلار بىلەن ئالاقىدە
بولۇپ، ھۇنلارنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. مىلادىيە 374-يىلى ھۇنلار
ئىتىل دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ياۋروپاغا كۆچكەندە، ئەسلى جايلىرىدا تۇرۇپ قالغان
بىر قىسىم ھۇنلار ماجارلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن. ياۋروپا ھۇن ئىمپېرىيىسى
قۇرۇلغاندىن كېيىن، ماجارلار ھۇنلارغا قارىغان. مىلادىيە 469-يىلى ياۋروپا
ھۇن ئىمپېرىيىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ھۇنلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئاتتىلانىڭ
كىچىك ئوغلى ئىرنەكنىڭ رەھبەرلىكىدە قارا دېڭىزنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ كەلگەن
ۋە بۇ جايلارغا يېڭىدىن ئۇرۇنلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئون
ئۇغۇرلارنىڭ ئىچىگە قۇشۇلۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئون ئۇغۇرلار يەنە
«ھۇنۇغۇر» دەپ ئاتالغان. مىلادىيە 8-ئەسىرگە كەلگەندە، ئىتىل دەرياسىنىڭ
ئوتتۇرا ئېقىنى بويلىرىدىكى ماجارلار جەنۇبقا سۈرۈلۈپ، ھۇنۇغۇرلارنىڭ
تەركىبىگە قۇشۇلۇپ كەتكەن. نەتىجىدە ماجارلار تۈركلىشىشكە باشلىغان.
بۈگۈنكى ھۇنگىرلار مانا شۇ ئون ئۇغۇر، ھۇن ۋە ماجارلارنىڭ ئۆز-ئارا
قۇشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن بولغاچقا، ئۇلار ئاتتىلانى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ داھىسى
دەپ قاراپ كەلمەكتە. شۇڭا ھۇنگىرلار ئارىسىدا ئاتتىلاغا ئاتالغان نۇرغۇن
رىۋايەتلەر ۋە تارىخى ئىزلار كۆپ ساقلانغان.
مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يېزىلغان «ھۇنگىر قەھرىمانلىق داستانى»دا
ھۇنگىر خانى ئارپات ئاتتىلانىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھۇن ئىمپېرىيىسىنىڭ
مەركىزى قىسىمى بولغان ھۇنگىرىيە مىراس قىلىنغان، ئارپات مانا مۇشۇ يەردە
تەختتە ئولتۇراتتى، دەپ رىۋايەت قىلىنغان.
ھۇنگىر تارىخچىسى ئانموسنىڭ رىۋايىتىگە قارىغاندا، ئاتتىلا دوناي دەرياسى
بويىدىكى ئوكۋېنكوم(بۇداپىشت)نى ئۆزگەرتىپ، مۇستەھكەم سېپىللار بىلەن
قورشاپ پايتەخت قىلغان، گېرمانلار ئۇنى ئەتزەلبورگ دەپ ئاتىغان.
مىلادىيە 12-14-ئەسىرلەردە ھۇنگىرىيىدە كىشىلەر ئارىسىدا ئاتتىلا، ئاتىلا،
ئەتخەلە، ئەتەلە، ئەتىلا دېگەن كىشى ئىسىملىرى ناھايىتى كۆپ قۇيۇلغان،
ھەتتا بۇ خىل ئىسىملار ھۇنگىرلار ئىچىدە بۈگۈنكى كۈندىمۇ كەڭ قۇيۇلماقتا.
سۇمۇگىي ۋىلايىتىدىكى ئاتالا(ئاتىلا) دېگەن يېزا-كەنت نامى، ئاتتىلا دېگەن
ئىسىمنىڭ يەر نامى سۈپىتىدىمۇ قوللىندىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئارپات خاندانلىقىدا ئاتتىلا خاتىرە-ئەنئەنىسى ناھايىتى كۈچلۈك ئەۋج
ئالغان. بۇنى ئارپات خاندانلىقىنىڭ غەزىنىسىدە ساقلانغان «ئاتتىلا قىلىچى»
ياكى بۇ خاندانلىقنىڭ ئاتتىلا جەمەتىدىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە
يېزىلغان «ئاتتىلا شەجەرىسى» تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
ئاتتىلا شەجەرىسى مىلادىيە 11-ئەسىردە ياشىغان ئىسمى نامەلۇم بىر ھۇنگىر
تارىخچىسى تەرپىدىن تۇرغۇزۇلغان. ناھايتى كۆپ ئالىملار تەتقىقات ئېلىپ
بارغان بۇ شەجەرە تۆۋەندىكى ئىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1-نوھ، 2-يافەس،
3-تانا، 4-نەمبۇرۇت، 5-ھۇنۇر، 6-بور، 7-داما، 8-كەلەد، 9-كەۋە، 10-كەئار،
11-بەلەر، 12-قادار، 13-ئوزمار، 14-فاركاس، 15-بوندوفارد، 16-بۇكەن،
17-ساناد، 18- بۇدلى، 19-بەزتۇر، 20-مىكە، 21-مىسكە، 22-ئومپۇت، 23-كۈلسە،
24-لەۋەنتە، 25-لېل، 26-زامۇر، 27- زامبۇر، 28- بولۇگ، 29- بولسۇ،
30-زولتا، 32- بەرەنىد، 31-كادسىا، 33-ئوپۇس، 34- ئەسىھ، 35-سىنرەمەن،
36-تۇردا، 37-بەندەگۆز، 38-ئەتخەلە ياكى ئاتتىلا، 39-سابا، 40-ئىد،
41-ئۈگيەك، 42-ئېلود، 43-ئالماس قاتارلىقلار. نېمىس خەنزۇشۇناسى ف. ھېرت بۇ
شەجەرىنى مۇقەددەس كىتابتىنن ئېلىنغان دەسلەپكى تۆت ئىسىمدىن باشقىسىنى
مۇھىم ۋە ئىشەنچىلىك دەپ قاراپ، خەنزۇچە مەنبەلەردە خاتىرلەنگەن ھۇن
ھۆكۈمدارلىرى شەجەرسى بىلەن مۇناسۋەتلىك ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلگەن. ف. ھېرت
ئاتتىلا ۋە ھۇنلارنىڭ شەجەرىسىنى مۇنداق كۆرسەتكەن.
1
. تۈمەن =بودلى
2. باتۇر = باكتۇر = بەزتۇر
3.
قايۇق = مىكە
4.
ئىچىغسە = مىسكە
5.
قۇتىقۇ = ئومپود
6.
غۇلىقۇ = كۈلسە
7.
شۇلۇچانچۇ = لەۋەنتە
8
. چىچى =لېل
ف.
ھېرتنىڭ بۇ قارشىنى ۋ.رادلوۋ، ز.پ.بورۇي ۋە ئى.كىرائۇس قاتارلىق نۇپۇزلۇق
ئالىملار ئېتىراپ قلىغان.لېكىن، بۇنىڭغا قارشى چىققۇچى ئالىملارمۇ ئاز
ئەمەس.
ھۇنگىريەدە ئاتتىلا ھەققىدىكى تارىخى رىۋايەتلەر كىرال لاسىزوⅣ
دەۋرىدە (مىلادىيە 1272-1290-يىللار) ناھايىتى كەڭ تارقالغان. لاسىزونىڭ
ئوردا تارىخچىسى سىمون تەرىپىدىن مىلادىيە 1282-1884-يىللاردا يېزىلغان
«ھۇنگىر يىلنامىسى» دېگەن ئەسەردە، ئاتتىلا ھۇنگىرلاشتۇرۇلغان شەكىلدە
مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: ئاتتىلا ئوتتۇرا بويلۇق، بۇغداي ئۆڭلۈك،
قاراكۆزلۈك، گۈرەنلىك، ناھايىتى مەغرۇر، ئەقىل- پاراسەتلىك، كۈچ-قۇۋۋەتكە
تولغان، قورال-ياراقلىرى ئىلغار، چىدىر ۋە كىيىم-كېچەكلىرى ئىنتايىن پاكىز
كىشى بولغاچقا، يات ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ
قالىدۇ. ئاتتىلا ئۆزىنىڭ پايتەختى سىچامبىرا(ئوكۋئېنكوم) دىن قۇشۇن تارتىپ،
يول بويى ئالدىغا ئۇچرىغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇدۇل
سىتراسبورگقا يېتىپ بارىدۇ، ئاندىن جەنۇبقا بۇرۇلۇپ، فىرانسىيىنىڭ بىر
قانچە شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، كاتولونىيە چىگىرىسىغىچە
بارىدۇ. ئاتتىلا كاتولونىيە قوشۇنىنى ئىككى قىسىمغا ئايرىپ، بىر بۆلىكىنى
ماراكەش سۇلتانى ئەمرىل مۆمىننىڭ ئۈستىگە ئاتلاندۇرىدۇ، بۇ چاغدا غەربىي
رىم قوماندانى ئائىتوس خۇددى كەلكۈن سۇدەك ھەيۋەت بىلەن ئاتتىلا ئۈستىگە
قوشۇن تارتىپ كېلىدۇ. ئۇرۇش پارتىلايدۇ. ئاتتىلا ئائىتوسنى قاتتىق مەغلۇپ
قىلىدۇ. ماراكەشكە ئەۋەتىلگەن قوشۇن ۋاقتىدا قايتىپ كەلمىگەچكە، ئاتتىلانىڭ
غەزىپىدىن قورقۇپ، كاتولونىيىدە تۇرۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ يەر
«سىپان» (ھۇنگىرىچە سىپان سۆزى ۋلى دېگەن مەنىدە) دېگەن ھۇن قوماندانىنىڭ
ئىسمىدىن ئېلىنىپ ئىسپانىيە دەپ ئاتىلدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاتتىلا
فىرانسىيەنى بېسىپ ئۆتۈپ، كۆلنگە يۈرۈش قىلىپ، ئۇ يەردە ئورسۇلا ۋە ئۇنىڭ
11 مىڭ كېنىزىكىنى قېلىچتىن ئۆتكۈزىدۇ. دانىيە، نورۋىگىيە، لىتۋا ۋە
فىروسىيىنى ئىگىلەپ، ھۇنگىرىيىگە قايتىدۇ. ئاتتىلا ئۇرۇشتىن قايتقاندىن
كېيىن، ئاكىسى بۇدانىڭ ئۆزى يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سىچامبىرانى
بۇداۋارا دەپ ئاتىۋالغان گۇناھى ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ، ئاتتىلانىڭ
غەزىپىدىن قاتتىق قورققان گېرمانلار بۇ يەرنى «ئەتزەلبورگ» دەپ ئاتايىدۇ.
ھۇنگىرلار بۇنىڭغا ئەمەل قىلماي يەنىلا «بۇداۋارا» دەپ ئاتاۋېرىدۇ، ئۇزۇن
ئۆتمەي ئاتتىلا ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلىدۇ. ئۇ ئاچۇيلا شەھىرىدىن تۇرنىلارنىڭ
باشقا شەھەرگە قاراپ ئۇچىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شەھەرنى تىزلا ئىگىلەيدۇ.
ئاچۇيلا شەھەر خەلقى شەھەرنى تاشلاپ كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن، ۋېنىتسىيىنى
بەرپا قىلىدۇ. راۋاننانىڭ ئېپىسكوپى ئاتتىلانى رىم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا
ئۈندەيدۇ. ئاتتىلا رىم شەھىرىگە يۈرۈش قىلىپ يېرىم يولغا كەلگەندە پاپا
بىلەن ئۇچرىشىدۇ، پاپا ئاتتىلادىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئاتتىلا قايتىپ بېرىپ راۋاننا ئېپىسكوپىنىڭ كاللىسىنى ئالىدۇ. ئاتتىلا
پاننوياغا يۈرۈش قىلىپ بارغاندا، باكتىرانلار پادىشاھلىقىنىڭ تەڭداشسىز
گۈزەل مەلىكىسى مىكولت ئاتتىلاغا ياتلىق قىلىندۇ. توي كېچىسى ئاتتىلا
ھەددىدىن زىيادە كۆپ شاراب ئىشكەچكە، بۇرنىدىن توختىماي قان ئېقىپ، گېلى
قانغا تولۇپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ. مىلادىيە13-، 14-ئەسىرلەردە رومانتىك تۈسنى
ئالغان رىۋايەتلەر ياۋروپادا ناھايىتى كەڭ تارقىلىشقا باشلاپ، ھەر قايسى
مىللەتلەر ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئۆزى خالىغان شەكىلدە ھۇنلارغا ۋە
ئاتتىلاغا باغلىغان. دانىيە تارىخچىسى گىرامماتىكوس مىلادىيە 1200-يىلى
يازغان «دانىيەلىكلەرنىڭ قەھرىمانلىق داستانى» مۇشۇ مەقسەتتە يېزىلغان
ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىلادىيە 13-ئەسىردە يېزىلغان
«لىخ-ھۇنگىر يىلنامىسى»مۇ ئالاھىدە دېققەتنى تارتىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا
جەنۇبى سىلاۋيانلار بۇلۇپمۇ خورۋاتلارنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئاتتىلا
ھېكايىسى بايان قىلىندۇ. بۇ ئەسەردە ئاتتىلا ھۇنگىر پادىشاھى سۈپىتىدە ۋە
ئاچۇيلا دېگەن نامدا سۆزلىنىدۇ.
ئاچۇيلا پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن، شىمالىي تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ،
لىتىۋان، دانىيە، ئىسلاندىيە قاتارلىق ئەللەرنى ئىشغال قىلىپ، كۆلىنگە
بارىدۇ، ئۇ يەردە ئۇرسۇلار بىلەن ئۇنىڭ 11مىڭ كېنىزىكىنى قىلىچتىن
ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاۋستىريىگە يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ چاغدا بىر
مالائىكە ئۇنىڭغا ئەۋلىيالار توپلاشقان جاي راۋانناغا بېرىپ، ئۇ يەردىن
قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خورۋات – سلوۋان پادشاھى كازىمىرنىڭ ئۆچىنى
ئېلىشنى تاپىلايدۇ. ئاچۇيلان شۇ ھامان ۋېنىتسىيىگە ئاتلىنىپ،ئۇ يەردە
ئۆزىنىڭ ئىسمى قويۇلغان ئاچويلان شەھىرنى بىنا قىلىدۇ. ئاچۇيلا،
خورۋات-سىلوۋانىيە چېگىرسىغا بېرىپ، كازىمىرنى ئۆلتۇرگەن خورۋات- سلوۋانلار
پادىشاھلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ،ھۇنگر ئەرلىرىنى خورۋات- سلوۋانلارنىڭ
ئاياللىرى بىلەن توي قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاچۇيلان ئۆزىمۇ سىلوۋان
پادىشاھىنىڭ مەلىكىسىگە ئۆيلىندۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاچۇيلا ھۇنگىريىگە
قايتىپ كېلىدۇ. ئاچۇيلا تۆتىنچى ئوغلى كولۇماننى خورۋات مەلىكىسىگە
ئۆيلەندۈرىدۇ. كۇنۇماننىڭ ئوغلى بىلا دادىسى ئالەندىن ئۆتكەندىن كېيىن،
ئاچۇيلا شەھىرىگە بېرىپ، يۇنان ئىمپېراتورىنىڭ مەلىكىسىگە ئۆيلىنىدۇ. بىلا
ئۇنىڭدىن گىزا ئىسىملىك بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرىدۇ. ئۇنىڭ لىخ مىللىتىدىن
بولغان ئايالى ئادېلخد ھۇنگرلارنى خرىستئان دىنغا كېرگۈزىدۇ.
ھەققى تارىخى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا،خورۋاتىيىنىڭ ھۇنگىريىگە
قوشۇۋېلىنىش كىرال لاسىزو ۋە كالمان دەۋرىدە ئېلىپ بېرىلغان. يىلىنامىنڭ
ئاپتۇرى ھۇنگر - خورۋات خانىدان مۇناسىۋىتىنىڭ قەدىمىي تارىخقا ئىگە
ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، بۇ ۋەقەنى ئاتتىلانىڭ نامىغا باغلاپ رىۋايەت
قىلغان.
ھۇنگىر تارىخچىسى جانۇس مىلادىيە 1488-يىلى يازغان «ھۇنگىر يىلنامىسى»
دېگەن ئەسەر، ھۇنگىرلاردىكى ئاتتىلا رىۋايىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئالاھىدە
ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. جانۇس بۇ ئەسەردە ئاتتىلا رىۋايىتىگە يېڭى مەزمۇنلارنى
قوشقان ۋە باشقا مەنبەلەردىكى يېڭى رىۋايەتلەرنى كىرگۈزگەن. ئېلىپ ئېيتساق،
بۇ ئەسەردە خاتىرلەنگەن ئەۋلىيالار رىۋايىتىدە مۇنداق سۆزلىنىدۇ:
ئورلىئاندىن كاتولونىيىگە قاراپ يولغا چىققان ھۇنلار بىر ئەۋلىيانى
تۇتىۋېلىپ، ئۇنى ئاتتىلانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىدۇ. ھەممە ئىشلاردىن ئالدىن
بىشارەت بەرگۈچى بۇ ئەۋلىيا كىشىدىن ئاتتىلا كاتولونىيە ئۇرۇشىنىڭ
ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئەۋلىيا ئاتتىلاغا: «پۈتۈن
مىللەتلەرنىڭ ئىگىسى، قۇدرەتلىك تەڭرى دۇنيا ھاكىميىتىنىڭ قىلىچىنى ھازىر
سېنىڭ قۇلۇڭغا تۇتقۇزدى، سەن تەڭرىنىڭ قامچىسى، تەڭرى يولىدىن ئازغانلارنى
سەن ئارقىلىق جازالايدۇ، ئەمما تەڭرى خالىغان ۋاقىتتا بۇ قىلىچنى سېنىڭ
قۇلۇڭدىن ئېلىپ باشقا بىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ. بىلىشىڭ كېرەككى، بۇ
قېتىمقى ئۇرۇشتا سەن غەلبە قىلالمايسەن. ئەمما، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن
بۇ قىلىچ سېنىڭ قولۇڭدىن چۈشمەيدۇ. ھۆكۈمرانلىقىڭمۇ ئاخىرلاشمايدۇ» دەيدۇ.
شۇنىڭدىن باشلاپ ئاتتىلا ئۆزىنى «تەڭرى قامچىسى» دەپ ئاتايدۇ.
كىرال ماتياس دەۋرىدە (1458-1490-يىللار) ھۇنگىرىيىدە ئاتتىلاغا چۇقۇنۇش
دولقۇنى كەڭ ئەۋج ئالغان. كىرال ماتياس ئۆزىنى «ئاتتىلاⅡ«
دەپ ئاتىغان. ئۇ ھۇنگىر تارىخىنى يازغان ئوردا تارىخچىسى بونفىنگە كىتاپنىڭ
ئاتتىلاغا ئائىت قىسىمىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنى تاپىلىغان. جانۇس ۋە
بونفىننىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاتتىلا ھەققدىكى مەلۇماتلار ھۇنگىر مىللىتىنىڭ
ھەر قايسى ساھەلىرىگە تارقىلىپ كىرگەن. بۈيۈك ھۇن ئېمپىراتورى ئاتتىلانىڭ
درامماتىك ۋەقەلەرگە ئىنتايىن باي بولغان ھاياتىنى يورۇتۇش ئۈچۈن،
يازغۇچى-شائىرلار قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۇنى مەدھىيىلىگەن، تارىخچىلار ھۇنگىر
ۋە لاتىن تىللىرىدا نۇرغۇنلىغان تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغان. بەزى باي
كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە ئاتتىلا دەپ ئاتىلدىغان نەيزە-قالقان، قىلىچ ۋە باشقا
نەرسىلەر ساقلانغان. ھۇنگىرلار يەنە ئاتتىلانىڭ قەبرىسىنى ئىزدەشكە
كىرىشىپ، مىلادىيە 1799-يىلى تېپىلغان بىر قەبرىنى ھازىرغا قەدەر
ئاتتىلانىڭ قەبرىسى، دەپ قاراپ كەلمەكتە.
19
-
ئەسىر رومانتىزىم ئەدەبىياتىدا، بۇلۇپمۇ ئۇلۇغ شائىر ژ.ئارانىينىڭ
ئاتتىلا دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ھاياتىنى يۇرۇتۇپ بېرىدىغان شىئېر ۋە
داستانلىرى، شۇنداقلا خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېكايە-چۆچەك ۋە
مەسەللەر ئاتتىلا رىۋايىتىگە تېخىمۇ جانلىق ۋە تېخىمۇ رەڭدار مەزمۇن قوشتى.
ھۇنگىرلار ئارىسىدا تا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاتتىلا توغرىسىدا نۇرغۇن
رىۋايەتلەر توقۇلۇپ تۇرىدۇ. ھۇنگىرلار نۇرغۇنلىغان يەر-جاي،
دەريا-جىلغىلار، تاغ-ئېدىرلىقلار ۋە شەھەر-قەلئەلەرنىڭ نامىنى ئاتتىلا ۋە
ھۇنلارغا باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. مەسلەن: ئاتتىلانىڭ چوڭ خانىشى رېكانى رېكاس
يېزىسىغا ياكى رېكاس جىلغىسىغا دەپنە قىلىنغان، ئەتەلەكا (ئەتەلە-ئاتتىلا،
كا-قارارگاھ) دېگەن جاينى ئاتتىلانىڭ پايتەختى، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن
باشقا ئاتتىلا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇن ساقاللىق
بىر كىشىنىڭ دېگىنى بويىچە، قىلىچنى سانجىغان يەردىن سۇ چىقىپ، كىسبودزا
جىلغىسى شەكىللەنگەن، ئاتتىلا مەغلۇپ قىلىپ ئۆلتۈرگەن ئەسكەرلەرنىڭ قېنىدىن
سودا كۆلى شەكىللەنگەن، ئاتتىلا توققۇز خانىشى ئىچىدە بىرىنىڭ ئەتكەن
تامىقىنى ياقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ خانىش ئاتتىلاغا زەھەر بېرىپ
ئۆلتۈرگەن، دېگەنگە ئوخشاش رىۋايەتلەر ھۇنگىرلار ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ
يۈرمەكتە.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ياۋروپا رىۋايەتلىرى ئىچىدە ھۇن، شەرقىي رىم،
جەنۇبىي گېرمان ۋە ھۇنگىر رىۋايەتلىرىدە ئاتتىلانىڭ بۈيۈك سىماسى ۋە ئۇلۇغ
تارىخىي پائالىيەتلىرى رىئاللىققا ماس ھالدا سۆزلەنسە، باشقا رىۋايەتلەردە
بولسا، ئاتتىلا مەغلۇبىيەتچى شەخىس سۈپىتىدە بايان قىلىندۇ. بۇنىڭدىن شۇنى
چۈشىنىشكە بولىدۇكى، ھۇنلار ۋە ئاتتىلا تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، ئېغىر
باج-سېلىق تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلىنغان ياۋروپالىقلار، ھۇنلارغا
چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياۋروپاغا تارقاتقان
مەدەنىيىتى، ئۇلارنىڭ ياۋروپا تارىخىدىكى تۇتقان ئورنى ۋە رولىغا كۆز
يۇمۇپ، ئەمەلىي ھاياتتا قولغا كەلتۈرەلمىگەن ئارزۇ-ئارمانلىرىنى پەقەت
ھېكايە-رىۋايەتلىرىدىلا ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھۇنلار ۋە ئاتتىلا ئۈستىدىن غەلبە
قىلغان مەزمۇننى تەسۋىرلەيدىغان نۇرغۇن رىۋايەتلەرنى توقۇپ چىقىرىش
ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تارىختىكى ئاجىزلىقىنى يۇشۇرماقچى بولغان.
بۇ
يەردە شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، ياۋروپا رىۋايەتلىرىدە
ئاتتىلانىڭ نۇرغۇن شەھەرلەرنى سالدۇرغانلىقىمۇ سۆزلىنىدۇ. شىمالىي
ئىتالىيىدىكى شەھەرلەرنىڭ ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن قايتا قۇرۇلۇشى،
ئوكۋېنكوم خارابىسىنىڭ قايتا تۈزەشتۈرۈلۈشى ئاتتىلاغا مەنسۇپ قىلىندۇ.
بۇلۇپمۇ، ئىتالىيىلىكلەر بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇدىنە شەھىرىنى ئاتتىلا
سالدۇرغان ۋە بۇ شەھەرگە ئۆزىنىڭ بىر قوماندانىنىڭ ئىسمىنى قويغان، دەپ
قارايدۇ. ئۇلار يەنە غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىن قالغان بىر كونا
قەلئەنى «ئاتتىلا قەلئەسى» دەپ ئاتايدۇ. مىلادىيە 12-ئەسىرگە ئائىت بىر
مەنبەگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپادا «ئاتتىلا كۆۋرۈكى» دەيدىغان بىر كۆۋرۈك
بولغان. يەنە شۇنداق بىر ھەقىقەت باركى، ئاتتىلا رىۋايەتلەردە
ئېيتىلغىنىدەك ئۇنداق بۇزغۇنچى-ۋەيران قىلغۇچى شەخىس ئەمەس ئىدى. بۇنىڭغا
ئۇنىڭ ياۋروپادا ھۇيۇم، ھۇگنىيە، ھۇگنىياكۇم، سۇبھۇگنىياكۇم ۋە ھۇنۇنىيا
دېگەن شەھەر، قەلئە ۋە يېزا-قىشلاقلارنى بىنا قىلدۇرغانلىقى ئىسپات بولىدۇ.
تۆتىنچى باب
ھۇنلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى
1. ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيىسنڭ ئاغدۇرۇلۇشى
ئاتتىلانىڭ چوڭ خانىشى ئارىغقاندىن ئىلەك، دەنگىزىك ۋە ئىرنەك دەيدىغان ئۈچ
ئوغلى بولغان. ئاتتىلا ھايات چېغىدا چوڭ ئوغىلى ئىلەكنى ھۇن ئىمپىريىسىنىڭ
شەرقىي قىسىمغا بىلگە خان قىلىپ تەيىنلىگەن. دەنگىزىكنى بولسا قارا
دېڭىزنىڭ شىمالىدا ياشايدىغان بىتتۇغۇرلارغا خان قىلىپ تەيىلىگەن.
مىلادىيە 453- يىلى ئاتتىلا ئالەمدىن ئۆتكەندە، ھۇنلارنىڭ ئىچىكى قىسىمىدا
تەخىت تالىشىش ماجىراسى كۆتۈرۈلدى.
باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك پالچىلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنگەن ئاتتىلا چوڭ ئوغلى
ئىلەكنى تەخىت ۋارسلىقىدىن قالىدۇرۇپ،ئورنىغا ئىرنەكنى ۋارىس قىلىپ
تەيىلىگەن. تەخىت ۋارسلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىلەك ئاتتىلا
ئالەمدىن ئۆتۈشى بىلەنلا تەخىتكە چىقىشقا تەرەددۇت قىلغان.بۇ چاغدا بۇ
چاغدا ئاتتىلانىڭ كىچىڭ ئوغلى ئرنەكمۇ دادىسىنىڭ ۋەسىيىتى بۇيىچە خانلىق
تەخىتكە چىقىشتا چىڭ تۇرغان ئاكا-ئۇكىلار ئوتتۇرسىدا تەخىت تالىشىش ئۇرۇشى
پارتلىغان. ھۇنلارنىڭ ئىچكى زىدىيىتىدىن پايدىلانغان قارام مىللەتلەرمۇ
ھۇنلارغا قارشى ئېسيان كۆتۈرۈپ چىققان. مۇشۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئاستىدا،
ئاتتىلانىڭ چوڭ ئوغلى ئىلەك ھۇن ئىمپېرىيسىنىڭ تەختىگە چىققان.ئىلەك
مىلادىيە 454-يىلى،ھۇنلارغا قارشى ئېسىيان كۆتۇرگەن گىپىدىلار بىلەن
ھازىرقى ئاۋستىريىدىكى نىدا دېگەن جايدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان چاغدا ھاياتىدىن
ئايرىلىدۇ.ئورنىغا ئىنسى دەنگىزىك ھۇن ئىمپېرىيسىنىڭ تەختىگە چىقىدۇ.
دەنگىزىك ناھايىتى جەسۇر كىشى بولسىمۇ،لېكىن سىياسىي ئىشلاردا ئانچە
ھوشىيار ئەمەس ئىدى. ئۇ ئېمپىرىيىنىڭ بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بىر
تەرەپتىن شەرقىي گوتلار بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن رىم ئېمپرىيىسى بىلەن
ئۇرۇش قىلغان. مىلادىيە 469-يىلى، دەنگىزىك شەرقىي رىم بىلەن ئۇرۇش
قىلۋاتقان چاغدا، شەرقىي رىمنىڭ بىر ئەسكىرىنىڭ ئۇنىڭ ئارقا تەرپىدىن كېلىپ
تۇيۇقسىز ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان. دەنگىزىكنىڭ كاللىسى
كونسىتانتىنىپولغا ئېلىپ كېلىنىپ سازايى قىلىنغان.
مىلادىيە 469-يىلى دەنگىزىك ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھۇن ئىمپېرىيىسى
پارچىلىنىپ كېتىپ، ھۇنلارنىڭ بىر قىسىمى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ
ھاكىميىتىنى قۇبۇل قىلغان، يەنە بىر قىسىمى بولسا ئېرنەكنىڭ باشچىلىقىدا
قارا دېڭىزنىڭ شىمالىغا سۈرۈلگەن. شۇنداق قىلىپ، مىلادىيە 374-يىلى قۇرۇلۇپ
ياۋروپا خىرىستىئان دۇنياسىنى دەھشەتلىك تەھدىت ئىچىدە قويغان ھۇن
ئىمپېرىيىسى، مىلادىيە 469-يىلى ھوقۇق تالىشىش ۋە دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمى
نەتىجىسىدە، تارىخ سەھنىسىدىن غۇلاپ چۈشىدۇ.
2.
ھۇنۇغۇر خانلىقى
ئوتتۇرا ئاسىيا بوز قىرلىرى بىلەن بۇنىڭ تەبئىي ھالدىكى داۋامى بولغان
شەرقىي ياۋروپا بوز قىرلىرى تارىخنىڭ قەدىمكى دەۋرىلىرىدىن بىرى، تۈركىي
تىللىق مىللەتلەرنىڭ كۆچۈش ۋە ئۆز-ئارا قۇشۇلۇپ كېتىشىگە سەھنە بولۇپ
كەلگەن. بۇ يەردە تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ نۇرغۇن خانلىقلىرى قۇرۇلۇپ،
مەدەنيىتى ياۋروپاغا كېڭەيگەن. مىلادىيە 2-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ھۇنلارنىڭ
مەركىزىنڭ غەربكە قاراپ يۆتكىلىشى بىلەن، ھۇنلار ئالانلارنىڭ زېمىنى ئىشغال
قىلىپ، كاسپىي دېڭىزنىڭ شىمالغا قاراپ ماكانلاشقان. مىلادىيە 374-يىلى
ھۇنلار دۇن دەرياسىنى بېسىپ ئۆتۈپ ھازىرقى ھۇنگىرىيىنى مەركەز قىلغان ھالدا
ياۋروپا ھۇن ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. بۇ ئېمپىرىيە بىر ئەسىر(95 يىل) ھۆكۈم
سۈرۈپ، ياۋروپا خىرىستىئان دۇنياسى تارىخىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان.
ھۇنلاردىن كېيىن، ئۇغۇرلار-ئۇيغۇرلار، سابىرلار، ئاۋارلار، ھازارلار،
پەچىنەكلەر، ئۇغۇزلار ۋە قۇمانلار-قىپچاقلار بىر-بىرىنىڭ كەينىدىن شەرقىي
ياۋروپاغا كۆچۈپ كەلگەن.
ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىيادا ياشاپ كەلگەن، قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ
بىرى. بۇ تارىخ، ئارخېئولوگىيە، تىل ۋە ئانتروپولوگىيلىك تەتقىقاتلاردىمۇ
داۋاملىق تۈردە ئىسپاتلانماقتا.
ئېلىمىز ۋە چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا،
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تارىخى يالغۇز ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىيا دائىرسى
بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى يەنە جۇغراپىيلىك ۋە
تارىخي ئۆزگىرىشلەر ھەم باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئوتتۇرا ۋە مەركىزى
ئاسىيادىن باشقا جايلارغىمۇ كۆچۈپ بارغان.
ئۇغۇر، يۇغۇر ۋە ئۇيغۇر دېگەن ناملار ئوخشاش بىر سۆزنىڭ ھەر خىل
شەكىللىرىدىن ئىبارەت بولۇپ،① ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى كەڭ رايونلارغا
بىزگە تارىختا مەلۇم بولغان ياكى بولمىغان دەۋرىلەردە تۈرك دېگەن نامنىڭ
ئورنىنى ئىگىلىگەن سۆز ئىدى. ئېلىمىز مەنبەلىرىدىمۇ مىلادىيدىن بۇرۇنقى
2000-يىللاردا «鬼方»(گۈيفاڭ)
دەپ ئاتالغان بىر خەلقنىڭ شىمالىي جوڭگۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆچمەن
چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى خاتىرلەنگەن. تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە «鬼»
خېتىنىڭ «غۇر» دەپ تەلەپپۇز قىلىندىغانلىقى ئىسپاتلاندى. گۈيفاڭلار كېيىن «义渠»
(يىچۈي) دەپ ئېلىنغان. بۇنىڭمۇ «ئۇغۇر» دەپ تەلەپپۇز قىلىندىغانلىقى
ئىسپاتلاندى. ②«تۈرك ئىنسىكلوپىدىيىسى» نىڭ «غۇر» ماددىسىدا: «ئۇغۇر دېگەن
سۆز قىسقىراپ، ‹غۇر› دېگەن شەكىلگە كەلگەنگە ئوخشاش، ئۇغۇز سۆزىمۇ قىسقىراپ
‹غۇز› شەكىلىگە كەلگەن. ھەر ئىككىسى ئوخشاش بىر مەنبەدىن كېلىپ چىققان. بۇ
ئىككى سۆزنىڭ قايسىسىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىر نېمە
دېيىش قىيىن»③دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭدىن شۇنداق چۈشەنچىگە كېلىشكە
بولىدۇكى، قەدىمكى خەنزۇ تارىخچىلىرى جوڭگۇنىڭ شىمالىي ۋە غەربىي شىمالىدا
ياشايدىغان مىللەت تۈركۈمىنىڭ ئۆزىنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتايدىغانلىقىدىن
خەۋەردار ئىدى.
ياۋروپا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، قەدىمدە
ئۇيغۇرلارنىڭ تارقالغان جايلىرى ناھايىتى كەڭ ئىدى، غەربىي④ ئۇيغۇرلار
بولسا ئۇغۇر ۋە ئۇغۇزدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈركۈمگە ئايرىلغان. ئۇلار
بىر-بىرىدىن ئەڭ كېيىن دېگەندىمۇ مىلادىيدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن ئىلگىرى
ئايرىلىپ چىققاچقا، ئۇلارنىڭ تىلىدا بەزى تاۋۇش پەرقلىرى شەكىللەنگەن. ئەڭ
ئۇچۇق پەرق دەل ئانا تۈركچىدىكى «ز» تاۋۇشىنىڭ ئۇغۇرلارنىڭ تىلىدا «ر»
تاۋۇشىغا ئۆزگىرىش ھادىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇغۇر تىل شىۋىسىدىكى يەنە بىر پەرق
بولسا سۆز بېشىدىكى «ي» تاۋۇشى كۆپىنچە «د» تەلەپپۇز قىلىناتتى. مەسلەن:
يىلان-دىلوم دېگەنگە ئوخشاش.
كاسپىي دېڭىزىغا قۇيۇلدىغان يايىق دەرياسىنىڭ نامىنى قەدىمكى گېرىك
جۇغراپىيەچىسى پىتولومىنىڭ «دايىخ» دېگەن شەكىلدە يازغانلىقى، ئۇغۇرلارنىڭ
مىلادىيدىن بۇرۇنقى ئەسىرلەردىلا ئىتىل دەرياسىغا قەدەر بولغان رايونلاردا
ياشىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
شەرقىي رىم تارىخچىسى پىرىسكوسنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇغۇرلار
ياۋروپاغا كۆچۈشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ ئەسلى ماكانلىرىدا ئۈچ چوڭ تارماققا
بۆلۈنۈپ ياشىغان. ئۇلارنىڭ شەرقىي تارمىقى جەيھۇن-چۇ دەرياسى بويلىرى،
تارباغاتاي تاغلىرى ۋە چالقار كۆلى ئەتىراپىلىرىدا ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار
ئون ئۇغۇرلار دەپ ئاتالغانىدى. بۇلارنىڭ مىلادىيە 350-يىللاردا سوغدىچە
باكات دېگەن نامدا ئاتالغان بىر شەھىرىنىڭ بولغانلىقى مەلۇم.
ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا تارمىقى ئۇتۇرغۇرلار دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار بۈگۈنكى
قازاق-قىرغىز دالىسى ۋە ئەمبا دەرياسى بويلىرىدا ياشايتتى. غەربىي
تارمىقىغا مەنسۇپ بولغان قۇتۇرغۇر ۋە سارىغۇرلار ئىتىل دەرياسى بويلىرىدا
ياشايتتى.
ئۇغۇرلارنىڭ ئۆز قېرىندىشى ئۇغۇزلاردىن ئايرىلىپ چىقىپ غەربكە قاراپ
كېڭىيىشى نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ شىۋىسى «غەرب تۈركچىسى» بولۇپ شەكىللەندى. بۇ
تىل شىۋىسىنىڭ «شەرق تۈركچىسى»دىن پەرقى «ز» تاۋۇشىنىڭ «ر»گە ئۆزگىرىشى
ئىدى. بۇ خىل تىل خۇسۇسيىتىگە ئاساسەن «تۈرك ئىنسىكلوپىدىيىسى»نىڭ 5-توم،
401-بېتىدە ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ نامى مۇنداق كۆرسىتىلگەن:
شەرق تۈركچىسى: غەرب تۈركچىسى:
ئۇغۇز ئوغۇر
ئون ئوغۇز ئون ئوغۇر
ئوتتۇز ئوغۇز ئۇتۇر غۇر
توققۇز ئوغۇز قۇتۇر غۇر
سېرىق ئوغۇز سارىغۇر
خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردە مىلادىيىنىڭ ئالدى-كەينىلىرىدە قۇبدۇ،
تارباغاتاي ۋە يەتتە سۇ رايونلىرىدا ياشىغان خۇجىې-ۋۇجىيې-ئوقۇت(خوقۇت)
دەيدىغان بىر خەلق تىلغا ئېلىندۇ. ف.ھىرىت بۇ نامنىڭ خەنزۇچە شەكىلىنىڭ
ئەسلى تەلەپپۇزىنى «ئۇگىر» (ئۇيغۇر ئەمەس) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققانلىقىنى
ئالغا سۈرگەن. گ.نېمېزنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ ناممۇ تۈركچە ئۇغۇز
دېگەن سۆزدىن باشقا نەرسە ئەمەس.⑤ مىلادىيدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرنىڭ
باشلىرىدا، ئوغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ تارماقلىرىدىن بىرى ئېرتىش دەرياسىنىڭ
يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا ئېقىنى بويلىرىدا ياشىغانىدى. ئېلىمىز مەنبەلىرىدە بۇلار
«دىڭلىڭ»(丁灵،
丁零)
دەپ ئاتالغان. دىڭلىڭلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلەر بىلەن دائىم
سانسار، تۈلكە ۋە تىيىن سودىسى قىلاتتى. بەزى ئالىملار دىڭلىڭ دېگەن نام
تۈرىكچە «تىيىنلىق» (تىيىن تېرىسى ساتقۇچىلار) دېگەنلىك بۇلىدۇ، دەپ
قارايدۇ. ھەقىقەتەن ئوغۇرلار تىرە تىجارىتى بىلەن مەشھۇر ئىدى. بۇ تىجارەت
ئىچىدە تىيىن تېرسى سودىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى. ئوغۇرلار چارۋىچىلىق
بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارنىڭ غەرب تەرەرەپتىكىلىرى دېقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك
بىلەنمۇ شۇغۇلانغان ھەم بۇ ساھالەردە يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. شۇ مەزگىلدە
مارجانلارنىڭ تىلىغا قۇبۇل قىلىنغان تۈرۈكچە سۆزلۈكلەر بۇ نوقتىنى
ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
روس ئالىمى باسكاكوۋ «ئۇيغۇر» سۆزى ئۈستىدە توختىلىپ: ئۇيغۇر-يۇغۇر؛
ئوغۇر-ئۈگۈر؛ ئوغۇز-ئۈگۈز سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى قەدىمكى بىر خەلق نامىنىڭ ھەر
خىل ۋارىئانتى بولۇپ، بۇلار «ئەقىلىق، كۈچلۈك، قۇدىرەتلىك» دېگەن مەنىدىكى
بىر سۆزنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىدۇر، دەپ كۆرسىتىدۇ. مەلۇمكى بۈگۈنكى مىللەت
ناملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى قانداش مۇناسىۋەتلەر ئاساسىدا ئۇيۇشقان
قەدىمكى ئۇرۇق- قەبىلىلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتى، ئىپتىدائىي
ئىدىلوگىيىسى، ئۇرۇق ئېڭى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردىكى
تىپىك ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ، ئۆزى ياكى باشقىلار قويغان ناملار ئاساسىدا
شەكىللەنگەن. «ئۇيغۇر» دېگەن ناممۇ مۇشۇ ئاساستا قۇيۇلغان بولۇپ، «غۇر»،
«ئوغۇر» ۋە «ئون ئۇغۇر» دېگەن دېگەن قەبىلە ناملىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى
قېلىپلاشقان شەكىلىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋۇرپاغا كۆچۈشى توغرسىدىكى
مەلۇماتلار غەرب ئاپتۇرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆپرەك ئۇچىرايدۇ. ئالىمىز. بۇ
مەلۇماتلار مىلادىيە 461-465-يىلاردا غەربىي سىبىرىيىدىكى قۇۋىملەرنىڭ
ئورنىدىن قوزغىلىش ۋە چوڭ كۆلەملىك كۆچىشى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي رىم
تارىخچىسى پىرىسكوس قاتارلىقلار تەرىپىدىن بېرىلگەن. مانا شۇ ئاپتۇرلارنىڭ
ئەسەرلىرگە ئاساسلانغاندا، مىلادىيە 458-459-يىلاردا تابغاچ (شىمالىي ۋىي
سۇلالىسى ) قۇشۇنىدىن مەغلۇپ بولغان ئاۋارلارنىڭ زور كۆپچىلىىكىنىڭ غەربىي
شىمال تەرەپكە سۈرۈلىشى بىلەن، سابىرلار (سىبىرلار) مۇ غەربكە سۈرۈلۈشكە
مەجبۇر بولغان. سابىېرلار بولسا ئالتاي-ئورال تاغلىرى ئارىسىداكى
تۈزلەڭلىكلەردە ياشايدىغان غەربىي ئۇيغۇرلار –ئوغۇرلارنى غەربكە ئىتتىرگەن.
شۇنىڭ بىلەن، ئاسىيادىن ياۋرۇپاغا قاراپ بىر قېتىملىق كۆچۈش دولقۇنى
بارلىققا كەلگەن. بۇ قېتىمى كۆچۈش دولقۇنىدا غەرىبكە سۈرۈلگەن ئۇغۇر، ئون
ئوغۇر، ئۇتۇرغۇر، قۇتۇرغۇر، سارىغۇر، ئولتىزىغۇر-ئالتىزىئاغىر (ئالتە
ئوغۇر) ۋە بىتتىغۇر قاتارلىق غەربىي ئۇيغۇر قەبىلىرى كاسپى دېڭىزنىڭ
شىمالىدىكى دون ۋە دېنپىر دەرياسى بويلىرغا كېلىپ ماكانلاشقان. غەربكە
كۆچكەن بۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھەر جەھەتە كۈچلۈكرەكى ئون ئوغۇرلار بولۇپ،
ئۇلار ياۋرۇپاغا كۆچكەن بۇ ئۇيغۇر قەبىلىرنىڭ بارلىق پالىيەتلىرگە
يېتەكچىلىك قىلغان. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن شەرقتە ئىتىل دەرياسىدىن غەربتە دۇن
دەرياسىغىچە بولغان جايلار تاكى مىلادىيە 8-ئەسىرلەرنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر
ئون ئوغۇرلارنىڭ نامى بىلەن «ئون ئوغۇرىيە»دەپ ئاتالغان.⑥مىلادىيە
6-8-ئەسىرلەردە ياشىغان ئەرمەن تارىخچىسى خورىناس، يۇنان تارىخچىسى
سىموكاتتا، پىرىسكوس، رىكستور، ئاگەتخاس، كالكىستى، پىروتىستور، لاتىن
تارىخچىسى جوردانىس قاتارلىقلار بۇ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلار تەرىپىدىن بىنا
قىلىنغان «ئون ئۇغۇرىس»دېگەن شەھەر توغرىسىدا ئۆز ئەسەرلىرىدە بەلگىلىك
دەرىجىدە مەلۇمات قالدۇرۇلغان.
يۇقىرىدا دەپ ئوتكىنىمىزدەك، ئوغۇرلار ياۋروپاغا كۆچۈپ كېلىشتىن ئىلگىرى
غەربىي سىبىريە دالىسىدا ياشىغان. چىچى تەڭرىقۇتنىڭ تالاستا قۇرغان
ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، ھۇنلار غەرب تەرەپلەرگە سۈرۈلگەندە ئوغۇرلار ئۇلار
بىلەن قوشنا بۇلۇپ ياشىغان. مۇشۇ مەزگىللەردە ئوغۇرلار ھۇنلارنى پاۋروپاغا
ئىتتىرۈلگىدەك كۈچكە ئىگە ئىدى. كېيىن ئوغۇرلارنىڭ ياۋروپادا تېز سۈرەتتە
تەرەققىي قىلىپ دۇنياۋىي ئىمپېرىيىگە ئايلانغان ھۇنلارغا قارىغانلىقى
سارغۇلارنىڭ ئاتتىلار دەۋرىدىكى ئوينىغان رولىدىن مەلۇم. ئوغۇرلار -
پاۋروپاغا كۆچۈپ كەلگەن چاغدا، ھۇن ئىمپېرىيىسى پارچىلىنىش خەۋىپىگە دۇچ
كېلىپ، مەركىزىي ھاكىمىيەت ئاجىزلاپ كەتكەنىدى.
شەرقىي ياۋرۇپاغا كۆچۈپ بارغان بۇ قەبىلىلەر ئىچىدە ئون ئوغۇرلار
ھەرجەھەتتىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار سىياسىي پالىيەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلغان.
مىلادىيە 463-يىلى ئون ئوغۇرلار بارلىق ئوغۇرلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئون ئوغۇر
خانلىقىنى قۇرغان ھەمدە شۇ يىلى شەرقىي رىمگە ئەلچى ئەۋەتىپ دىپلوماتىك
ئالاقە ئورناتقان. بۇ خانلىق ئون ئوغۇرس شەھىرىنى پايتەخىت قىلىغان.
مىلادىيە 460-470-يىللاردا ھۇن ئىمپېرىيىسى پارچلىلىنىپ مەركىزىي ھاكىمىيەت
ئاغدۇرۇلغاندا، ئاتتىلانىڭ كىچىك ئوغلى ئىرنەك ھۇنلارنىڭ بىر بۆلەكىنى
باشلاپ ئون ئوغۇرىيىگە كۆچۈپ كېلىپ، ئون ئوغۇرلارنىڭ تەركىبىگە قېتىلىپ
كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئون ئوغۇرلار يەنە «ھۇنوغۇرلار» دەپمۇ ئاتالدى.
ئون⑦ئوغۇرلاربىلەن ھۇنلار ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن،ئون ئوغۇر-
ھۇنوغۇر خانلىقىنىڭ تەختىگە ئىرنەكنىڭ چىققانلىقى مەلۇم. ئىرنەكتىن كېيىن،
ئۇنىڭ ئوغلى موندۇ(مۇنجۇق) تەختكە چىققان.
ئون ئوغۇر-ھۇنوغۇر خانلىقى شەرقىي رىم بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە گاھىدا
نورمال مۇناسىۋەتنى ساقلىغان بولسا، گاھىدا ئۇرۇش قىلىپ تۇرغان. ھەرنىي كۈچ
ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداپ ئالالمىغان ئىمپېراتور ئاناستاسىئوس پايتەخت
كونىستانتىپولنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئەتىراپىغا سېپىل سوقتۇرۇشقا مەجبۇ
بولغان. شەرقىي رىم ئون ئوغۇر- ھۇنوغۇر خانلىقىنىڭ تەھدىتىنى تۈگۈتۈش
ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسىمىغا سوغۇقچىلىق سېلىپ ئۇتۇرغۇرلار بىلەن
قۇتۇرغۇرلارنى دۈشمەنلەشتۈرۈپ قويغان. ئۆز قېرىندىشى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ
مەغلۇپ بولغان قۇتۇرغۇرلارنىڭ بىر قىسىمىنى شەرقىي رىم تىراكياغا
ماكانلاشتۇرغان. شەرقىي رىمنىڭ سۇيقەستىنى ئۇققان ئۇتۇرغۇرلار بالقانغا
يۈرۈش قىلىپ، كونسىتانتىنىپولغا قەدەر ئىلگىرلەپ بارغان بولسىمۇ، بۇنىڭ
ھىچبىر پايدىسى بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئون ئوغۇر-ھۇنۇغۇر خانلىقى مىلادىيە
550-يىللارغا كەلگەندە ئىچكى ئۇرۇش
سەۋەبىدىن ئاجىزلاپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل سىياسىي ھالىتىنى يوقاتقان ۋە
شەرقتىن كەلگەن ئاۋارلار ۋە سابىرلارغا قارام بولۇپ قالغان. ئوغۇرلارنىڭ
شەرق تەرەپتىكى تارماقلىرى بولسا كۆك تۈرك ئىمپېرىيىسىگە قۇشۇۋېلىنغان.
3.
بولغارلار ۋە ۋېنگىرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى
ئون ئوغۇر-ھۇنۇغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر قوۋملىرى
«بولغار» دېگەن نامنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تەشكىلىنىڭ ئورتاق نامى سۈپىتىدە
قوللاندى. ياۋروپاغا كۆچكەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدا بەش«بەل»،
سەككىز«سىكخېر»، ئوتتۇز«ئوتىر»، قىز«قىر» ياكى «خىر» دېيىلەتتى. بۇنىڭغا
ئاساسلانغاندا، «بولغار» دېگەن نام «بەلغۇر» يەنى «بەش ئوغۇر-بەش
ئۇيغۇر-بەش ئوغۇز» دېگەنلىك بولاتتى. بولغار دېگەن نام مىلادىيە 482-يىلى
تۇنجى قېتىم شەرقىي رىم تارىخىي ماتېرىيالىدا كۆرۈلگەن. قۇتۇرغۇرلامۇ①
مىلادىيە 547-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي رىمنىڭ تارىخىي مەنبەلىرىدە
«قۇترىغۇر»، «قۇتراغۇ»، «قاترىغۇر» دېگەن شەكىللەردە تىلغا ئېلىنغان.
مىلادىيە 583-يىلى قۇتۇرغۇر قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان قۇربات (بۆرە دېگەن
مەنىدە)دېگەن كىشى ئون ئوغۇر-ھۇنۇغۇر، قۇتۇرغۇر ۋە ئۇتۇرغۇر قەبىلىلىرىنى
قايتا تەشكىلەپ ئۆزىنى خان دەپ جاكارلاپ بۈيۈك ئون ئوغۇر-بولغار خانلىقلىنى
قۇرغان. بۇ خانلىق ئۇنىڭ دەۋرىدە (مىلادىيە 583-642-يىللار)دەۋرىدە تازا
كۈچىيىپ- زېمىنى شەرقتە ئىتىل دەرياسىدىن، غەربتە دوناي دەرياسىغا قەدەر
سوزۇلغانىدى.
مىلادىيە 659-يىلى غەربىي تۈرۈك خانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن، غەربىي
تۈركلەرگە قاراشلىق مىللەتلەر باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆز ئالدىغا خانلىق
تەشكىل قىلىغان. بۇ ھالەت بۈيۈك ئون ئوغۇر بولغار خانلىقىنىڭ مەۋجۇتلىقى
ئۈچۈن بىر تەھدىت بولۇپ قالغان. چۈنكى قۇرباتتىن كېيىن تەختكە چىققانلار
دەۋرىدە بۇ خانلىق بۇرۇنقىدەك قۇدىرەتلىك ئەمەس ئىدى. شۇڭا، غەربىي
تۈركلەردىن ئايرىلىپ چىققان ھازارلارنىڭ قۇدرەتلىك قوشۇنى مىلادىيە
668-يىلى ئون ئوغۇر بولغار خانلىقىغا بېسىپ كىرىپ بۇ خانلىقنى چاك –چېكىدىن
بۆلىۋەتكەن.قۇرباتنىڭ چوڭ ئوغلى ئوتتىكىن بىر بۆلۈك ئون ئوغۇر-ھۇنوغۇرلارغا
باشچىلىق قىلىپ، ئون ئوغۇرىيەدە قېلىپ ھازارلارغا ئىتائەت قىلىغان.
قۇرباتنىڭ ئىككىنچى ئوغلى قۇتراغ ۋە قۇتورغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكىنى باشلاپ
شىمالغا قايرىلىپ ئىتىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىن بويلىرىغا سۈرۈلگەن ھەم
بۇ ئەتىراپتا تۇرۇپ قالغان ئاز بىر قىسىم ئون ئوغۇر-ھۇنۇغۇرلار، سابىرلار
ۋە فىن-ئوغۇر مىللەتلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئىتىل بولغار خانلىقىنى قۇرغان.
مانا بۇلار بۈگۈنكى كۈندىكى باشقىرتلار، چۇۋاشلار ۋە تاتارلارنىڭ ئېتنىك
مەنبەسى بولۇپ قالغان. مىلادىيە 13-ئەسىردە، مۇڭغۇليەگە ساياھەتكە كەلگەن
ياۋروپالىق سەيياھ روبرۇك ئۆزىنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە، ۋولگا«ئىتىل
دەرياسىنى دېمەكچى) دەرياسىنىڭ باسكاتىر(باشقىرت) دۆلىتىدىن ئېقىپ
چىقىدىغانلىقى ۋە بۇ يەردە ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ تىلىنىڭ ھونۇغۇر(ئون
ئوغۇر)لارنىڭ تىلى بىلەن بىر خىل ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ھەمدە باشقىرىت
دۆلىتىنى «بۈيۈك ھۇنگارىيە» دەپ يازغان. ھۇنگىرىيىلىك مەشھۇر شەرقشۇناس
گ.نېمېز 1929-يىلى ۋىنادا ئېلان قىلغان «ماگناھۇنگارىيە» (بۈيۈك ھۇنگارىيە)
دېگەن ئەسەردە، «باشقىرىت» سۆزى باشقىر-بەش ئوغۇر يەنى بەش ئۇيغۇر دېگەنلىك
بولىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
مىلادىيە 668-يىلى قۇرۇلغان ئىتىل بولغار خانلىقى ئۆز تارىخىدا بەزىدە
ھازارلارغا، بەزىدە مۇڭغۇللارغا بېقىندى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا
ئالتە ئەسىر مۇستەقىل ھۆكۈم سۈرۈپ، مىلادىيە 1400-يىلىغا كەلگەندە، بۈيۈك
ئىستېلاچى تۆمۈرلەڭ (ئاقساق تېمۇر) تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.
قۇرباتنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئاسپارۇخ (ئىشبارا) ئون ئوغۇر-ھۇنوغۇر ۋە
قۇتۇرغۇرلاردىن 25 مىڭ ئاھالىنى باشلاپ بالقان يېرىم ئارىلىغا كۆچۈپ
كەلگەن. ئۇنىڭ بالقاندا ئىگىلىگەن يېرى يۇنان مەنبەلىرىدە بۇ يەر «ئون
ئوغۇرىيە» دەپ يېزىلغان. مىلادىيە 8-ئەسىردىن كېيىنكى غەرب مەنبەلىرىدە
بولسا، «ئون ئوغۇردۇر قۇتراغلار» دەپ خاتىرلەنگەن. ئەينى ۋاقىتتا بالقان
يېرىم ئارىلىدا ياشايدىغان سىلاۋىيان ۋە تىراك خەلقلىرى ئاسپارۇخنى
ئۆزلىرىنى شەرقىي رىمنىڭ بۇيۇنتۇرۇقىدىن ئازاد قىلغۇچى نىجادكار، دەپ تونۇپ
ئۇنىڭغا قوشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن ئاسپارۇخنىڭ كۈچى خېلىلا دەرىجىدە زورايغان.
شۇ سەۋەبلىك ئاسپارۇخ شەرقىي رىم بىلەن ئاۋار ئىمپېرىيىسىدىن ئىبارەت ئىككى
كۈچنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرالىغان.
ئاسپارۇخنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان كونسىتانتىنⅣ
مىلادىيە 679-يىلى، ئاسپارۇخنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلغان بولسىمۇ، ئۇرۇش
ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقان. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا
مىلادىيە 681-يىلى كېلىشىم تۈزۈلۈپ، شەرقىي رىم ھەر يىلى ئاسپارۇخقا باج
تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئادەتتە تارىخچىلار ئاسپارۇخ مىلادىيە 679-يىلى
دوناي دەرياسى بىلەن بالقان ئارىسىدىكى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دوناي
بولغار خانلىقىنى قۇرغان، دەپ قارايدۇ.
دوناي بولغار خانلىقى قرۇم خان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئومۇرتاغ (9-ئەسىرنىڭ
ئالدىنقى يېرىمى) دەۋرىدە تازا كۈچىيىپ دۆلەتنىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە
ئىقتىسادىي قۇدرىتى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. بۇ دەۋرىدە شەرقىي رىم
ئىمپېرىيىسى قرۇمخاننىڭ قولىدا ھالاك بولۇشقا تاس قالغان. بۇ دەۋرىدە
نۇرغۇن شەھەر-سارايلار، سۇ ئىنشائات قۇرلۇشلىرى ياسىلىپ، مەدەنيەت
ئابىدىلىرى بارلىققا كەلگەن. مادارا ئەتىراپىلىرىدىكى ئېگىز قىياغا
چېكىلگەن يازمىلار ۋە قرۇم خاننىڭ ئاتلىق قاپارتما ھەيكىلى شۇ دەۋرىنىڭ
خاتىرىسى ھېسابلىنىدۇ.
دۇناي بولغارلىرى ئۆزىنىڭ سانى ناھايتى ئاز بولغىنىغا قارماي، ياۋروپاغا
خېلىلا كۈچلۈك تۈردە مەدەىنيەت تەسىرنى سىڭدۇرگەنلىكى تاىخچىلار تەرپىدىن
ئېتىرىپ قىلىنماقتا. ئولار ئۇششاق قەبىلە شەكىلىدە ياشايدىغان،دۆلەت
چۈشەچىسىدىن خەۋەرسىز سلاۋيانلارغا ۋەتەن، دۆلەت ۋە مىللەت ئۇقۇمنى
ئۆگەتكەن، ئۇلارنى تەشكىلاتلاندۇرۇپ (سلاۋيان تىلىدىكى ھەربىي -سىياسىي
ئۇنۋانلار:بويار –بويلا، زۇپان-چۇبان، باغان-بان-باياندۇر-بايىندىر) شەرقىي
رىمگە قارشى ئۆزىنى قوغداش قابىليىتىنى يېتىلدۈرگەن.
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بولغارلار يەرلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا نوپۇس
سانى جەھەتتىن تولىمۇ ئاز ئىدى. يازما مەنبەلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك،
شەرقىي رىم مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى ئاتىدىكى سلاۋيانلار ئۇلارنى ئۆز قاينىمغا
سۆرەپ كىرگەن.تەشكىلاتلاندۇرۇلغان سلاۋيانلارنىڭ دۆلەت خىزمىتىگە قوبۇل
قىلىنىشى، يەرلىكلەر بىلەن نىكاھلىنىشنىڭ كۆپىيشى ۋە ئىدارە قىلىش
ئۇسۇلىنىڭ زۆرۈرى نەتىجىسى سۈپىتىدە يەرلىك تىلنىڭ سۈستۈنلىكى تەبىقىگە
سىڭىپ كىرىشى، بۇلغارلارنى سلاۋيانلاشتۇرۇشقا باشلىغان.ئومۇرتاغ خاندىن
كېيىن تېخىمۇ تېزلىشىپ داۋام قىلغان سلاۋيانلىشىش دولقۇنى بۆرىسخان (بارىس-
پارىس ياكى بۆرى)نىڭ مىلادىيە 864-يىلى كۆك تەڭرى دىنىدىن ۋەز كېچىپ،
خرىستىئان دىنىنىڭ ئورتودوكس مەزھىپىنى قوبۇل قىلىپ، بولغارلارنى
خىرىستىئانلاشتۇرۇشى بىلەن تاماملانغان. شۇنىڭدىن باشلاپ بولغارلار
سلاۋيان- شەرقىي رىم مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە كىرپ كەتكەن.
مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، قۇرباتنىڭ تۆتىنچى ۋە بەشىنچى ئوغۇللىرى
يىتەكچىلىك قىلغان ئايرىم ساندىكى ئوغۇلار غەربىي ھۇنگىرىيە، شىمالىي
ئىتالىيە، ئوكرائىنا،مولداۋىيە ۋە تىرنسىلۋانناياغا تارقىلىپ،شۇ جايدىكى
مىللەتلەر ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن ئورال تاغلىرى بىلەن ئىتىل دەرياسنىڭ
ئوتتۇرا ئېقىن بويلىرىدا ئەسلىدە فىن –ئۇغۇرلاردىن چەرەمىش، مۇكشى،مارى،
ۋوتياك ۋە ماجارلار ياشايتتى. ئولار دەسلەپ ئوغۇرلارغا قارىغانىدى.
مىلادىيە 4-ئەسىردە ھۇنلار ئورال-ئىتىل دەرياسى بويلىرىغا يەرلەشكەندە، بۇ
مىللەتلەرنى بويسۇندۇرغان. ھۇنلارنىڭ بۇ جايدىكى 200 يىلىغا يېقىن
ھۆكۈمرانلىقى جەريانىدا بەزى فىن-ئۇغۇر قەبىلىلىرى تۈركىلىشىپ كەتكەن.
جۈمىلىدىن، ئەسلى نەمى «مانسى-ماگى»دەپ ئاتىلىدىغان ماجارلار ھۇنلارنىڭ
تەسىرگە ئۇچىرىغاندىن كېيىن، تۈركچە «ئەر»(ئار)قۇشۇمچىسىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن
نامى «ماجار»غا ئۆزگەرگەن. مىلادىيە 374-يىلى ھۇنلار ياۋرۇپانىڭ ئىچكى
قايلىرىغا كۆچكەندە، بۇ يەردە قالغان بىر قىسىم ھۇنلار مەجارلارنىڭ ئىچىگە
قوشۇلۇپ كەتكەن.مىلادىيە 8-ئەسىرگە كەلگەندە، مانا شۇ ماجارلار جەنۇبقا
سۈرۈلۈپ، ئون ئۇغۇرىيدىكى ھازارلارغا بېقىنىپ ياشاۋاتقان ئون
ئوغۇر-ھۇنوغۇرلارنىڭ تەركىبىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. بۇ چاغدا ئون
ئوغۇر-ھۇنوغۇرلار تارقان، يەنۆ، كىسىك (پارچە)، قۇرت( قار توپى)، گيارمات
(ھارماس)، كېر(چوڭ)، ماجار، نېيىك (بۇ ئىككىسى فىن-ئۇغۇر) قاتارلىق
قەبىلىلەرگە ئايرىلىغان.كېيىن ئۇلارغا يەنە ھازارلارنىڭ «قابار» قاتارلىق
ئۈچ قەبىلىسى قوشۇلغان.مىلادىيە 896-يىلى ئون ئوغۇرلار –ھۇنوغۇرلار
شەرقىتىن كەلگەن پەچىنەكلەرنىڭ بېسىمى بىلەن ئون ئوغۇرىيەدىن ئايرىلىپ،
ھازىرقى ھۇنگرىيىگە كۆچۈپ كەلگەن.بىر ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن، ئىستۋان
I
مىلادىيە 997-يىلى ھۇنگرىيەدە ئون ئوغۇر خانلىقىنى قۇرغان. يۇقىرىدا ئېيتىپ
ئۆتكىنىمىزدەك، ئون ئوغۇرلار ئۆزىنى ھۇنوغۇرلار دەپمۇ ئاتايدىغان بولغاچقا،
بۇ دۆلەت ياۋروپاغا «ھۇنگر»دېگەن نام بىلەن تۇنۇلغان. ھازىرقى لاتىنچە
ئۇنگرى،نېمىسچە ئۇنگار، فرانسوسچە ھۇنگروس ۋە رۇسچە ۋېنگر دېگەن ناملارنىڭ
ھەممىسى ئون ئوغۇر- ھۇنۇغۇر دېگەن نامنىڭ ھەرخىل ئوقۇلۇشىدىن ئىبارەت.
ھۇنگىر دۆلىتىدە مىلادىيە 1000-يىلى خرىستىئان دىنىنىڭ كاتولىك مەزھىپى
قوبۇل قىلىنغانغا قەدەر كۆپىنچە تۈرۈكچە ئىسىملار ئىشلتىلگەن. بۇنىڭغا
«يۇتاش»، «تارقاچ»، «تاش»، «تارما»، «يابغۇ» دېگەندەك سۆزلەرنى مىسال
كەلتۈرۈشكە بۇلىدۇ. ھەتتا، شۇ چاغدا خرىستىيئان دىنىنى بىرىنچى بولۇپ قوبۇل
قىلىغان ھۇنگر پادساھىنىڭ ئىسمىمۇ تۈرۈكچە «باي»دېگەن ئىسىم ئىدى.ھۇنگىرىيە
مىلادىيە 9-10-ئەسىرلەردە «غەربىي تۈركىيە»دەپ ئاتالغان. «شەرقىي تۈركىيە
»بولسا ھازار دۆلىتىنى كۆرسىتەتتى.
ھۇنگىر دۆلىتى مىلادىيە 1301-يىلغا قەدەر ھۆكۈم سۈرگەن ئۇلارخرىستىئان
دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن ئەتراپتىكى گېرمان ۋە سىلاۋيان مىللەتلىرنىڭ
كۈچلۈك تەسىرى، شۇنىڭدەك، فىن –ئۇغۇر مىللەتلىرنىڭ تەركىبلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ
ئىچىدە بارغانسېرى مۇھىم ئۇرۇن تۇتۇشى بىلەن بارا-بارا فىن –ئۇغۇر تىللىرى
ئائىلىسگە مەنسۇپ بۇگۇنكى ھۇنگىر مىللىتى بولۇپ شەكىللەندى. ئۇلارنىڭ باشقا
بىر مىللەت سۇپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىققىنغا گەرچە مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىت
بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھۇنگىر تىلىدا تەلەپپۇز ۋە مەنا جەھەتتىن ئۇيغۇر
تىلى بىلەن ئوخشاش سۆزلەرنى ھېلىھەم ئۇچىراتقىلى بولىدۇ. مۆلچەرلىنىشچە،
ھارىرقى زامان ھۇنگىر تىلىدا تۈرك سۆز-ئىبارلىرى تەخمىنەن 9 پىرسەنتىنى
ئىگەلەيدۇ.
مەسىلەن: «ئاينا»(ئاينا)، «ئاينام»(ئانام)، «خامبار»(ئامبار)، «ئەل»(ئەل)،
«قازان»(قازان)، «كېك»(كۆك)، «كەندىر»(كەندىر) دېگەنگە ئوخشاش.
يەنە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا ئاھاڭلىرى ھازىرقى كۈندىمۇ ھۇنگىرلار
ئارىسىدا داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن خەنزۇ ئالىملىرى گەنسۇ
ئۆلكىسىدە ياشايدىغان سېرىق ئۇيغۇرلار بىلەن ھۇنگىرلار(ۋېنگىرلار)نىڭ
مۇزىكا قۇرۇلمىسىدا ئوخشاش بولغان قانۇنيەتنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىدى.
بەشىنچى باب
ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ ھاكىميەت تەشكىلاتى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتى
1.
ھاكىميەت چۈشەنچىسى ۋە تەشكىلاتى
ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ ھاكىميەت چۈشەنچىسى ۋە تەشكىلاتى توغرىسىدا مەنبەلەردە
تەپسىلىي مەلۇماتلار بولسىمۇ، بەزى يىپ ئۇچىلىرىمۇ يوق ئەمەس. ياۋروپا
ھۇنلىرىنىڭ ھاكىميەت چۈشەنچىسى كارىزماتىك تىپنى تەشكىل قىلىدۇ. يەنى ئۇلار
تەخت، دۆلەت تەڭرى تەرپىدىن ئاتا قىلىنغان، ھۆكۈمدار ئېمپىراتور تەڭرىنىڭ
قۇت بېغىشلىشى بىلەن ھۆكۈمدارلىق تەختىگە چىقىدۇ، دەپ چۈشىنەتتى. ئاسىيا
ھۇن ئېمپىراتورى باتۇرنىڭ تولۇق ئىسىمى «كۆك تەڭرىسى، كۈن ۋە ئاي تەڭرىسى
تەرىپىدىن تەخىتكە چىقىرىلغان تەڭرىقۇت»دەپ ئاتىلاتتى. ①ياۋروپا ھۇنلىرى
ئىچىدە كەڭ تارقالغان ئاتتىلاغا دۇنيا ھاكىميىتىنى ئېلىپ كەلگەن «تەڭرى
قىلىچى» رىۋايىتى، «تەڭرى ئاربىسنىڭ قىلىچى»ھېكايىسى، سوفيا شەھىرىدە ھۇن
ئەلچىلىرى بىلەن شەرقىي رىم ئەلچىلىرى ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن مۇنازىرىدە،
ھۇن ئەلچىلىرىنىڭ ئاتتىلانى ئىلاھىي مەنبەدىن كەلگەن، دەپ ئوتتۇرغا قويۇشى
ۋە ئاتاكىر كىرالى(پادىشاھى)نىڭ ئاتتىلانى تەڭرىگە ئوخشىتىشى، مانا شۇ
كازىرماتىك ھاكىميەت چۈشەنچىسىنىڭ ئنكاسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق چۈشەنچە
بويىچە ھۇنلار ئۆز ئېمپىراتورىنى تەڭرىنىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەكىلى، مىللەتنىڭ
ئاتىسى، ئۇنىڭ دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىش
مەجبۇرىيىتى بار دەپ، قارايتتى.
مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ھۇنلىرىدىمۇ ئەڭ ئالىي
ھۆكۈمدار-ئېمپىراتور بولۇپ ئۇ «قاغان» (خاقان)، «قان»(خان) دېيىلەتتى.
ئۇنىڭ خانىشىىغىمۇ «قان» دېگەن شەرەپ نامى قۇشۇلاتتى. مەسلەن: ئارىغقان
دېگەنگە ئوخشاش. ئېمپىراتور ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەڭ ئالىي قوماندان
ھېسابلىناتتى. ئېمپىراتورنىڭ باشقۇرۇشىدىكى جايلار «ئىلىك خانلىق» قا
بۆلۈنۈپ «قوش خانلىق تۈزۈم» بويىچە ئىدارە قىلاتتى. بۇ تۈزۈم بويىچە دۆلەت
«شەرق تەرەپ ئىلىك خانلىق» ۋە «غەرب تەرەپ ئىلىك خانلىق» دەپ بۆلۈنگەن. بۇ
يەرگە ئىلىك-بىلگە خان بولۇپ سايلانغان كىشى چوقۇم ئېمپىراتورنىڭ باللىرى
ياكى ئىنىسى بولۇش شەرت ئىدى. دەرىجە جەھەتتە شەرق تەرەپ ئىلىك خانلىق
ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى. مەسىلەن: بالامبەر دەۋرىدە يىلدىز غەرب تەرەپ
ئىلىك خانى بولغان. رۇگا دەۋرىدە ئايبارىس بىلەن ئوكتار، ئاتتىلا دەۋرىدە
ئىلەك بىلەن ئىرنەك غەرب ۋە شەرق تەرەپ ئىلىك خانى بولغان.
پىرىسكوسنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ياۋروپا ھۇنلىرى دۆلەتنىڭ سىياسىي،
ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئىشلىرى قاتارلىق چوڭ-چوڭ مۇزاكىرە قىلىدىغان
يىغىلىشنى «ھەيئەتلەر يىغىنى» ياكى «ۋەكىللەر مەجلىسى» دەپ ئاتىغان.②بۇ
يىغىن ئېمپىراتورنى سايلاش، قوشنا ئەللەر بىلەن شەرتنامە تۈزۈش، ھەربىي
يۈرۈش قىلىش قاتارلىق چوڭ ئىشلارنى قاراردىن ئۆتكۈزەتتى.
شەرق ۋە غەرب تەرەپ ئىلىك خانلىرى ھەر قايسى بويسۇندۇرۇلغان مىللەتلەرگە
ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. بويسۇندۇرۇلغان مىللەتلەر ئۆزىنىڭ خانلىق نامى ۋە
پادىشاھلىرىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئىلىك خان تەرپىدىن نازارەت قىلىناتتى.
ئۇلار تىنىچ مەزگىلىدە ئۆز ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ ھۇنلارغا باج
تاپشۇراتتى. ئۇرۇش مەزگىلىدە پىيادە ياكى ئاتلىق ھالدا ھۇن ئېمپىراتورىنىڭ
قوماندانلىقى ئاستىدا ئۇرۇشقا قاتنىشاتتى. ئۇلار ئىچكى جەھەتتە تولۇق
ھوقۇققا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما تاشقى ئىشلارنى ھۇنلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئېلىپ
باراتتى. ئاتتىلا دەۋرىدە بۇنداق بويسۇندۇرۇلغان مىللەتلەرنىڭ سانى 45 كە
يەتكەن بولۇپ، كاتولونيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان 500 مىڭ كىشىلىك ھۇن
ئىمپېرىيىسى قوشۇنىنىڭ 80 مىڭىنى ھۇنلار، قالغان 420 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى
بويسۇندۇرۇلغان مىللەتلەرنىڭ قوشۇنى تەشكىل قىلغان.
دېمەك، ياۋروپا ھۇنلىرى مۇكەممەل تەشكىلىي سېستىمىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلار
ئاشۇ دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئۆز جەمئىيىتىنى ئۈنۈملۈك كونتىرول
قىلغان.
2. ھەربىي تۈزۈم ۋە ئۇرۇش تاكتېكىسى
ھۇنلارنىڭ ھەربىي ئىشلار تارىخغا نەزەر سالدىغان بولساق، ئۇلاردا ھەر بىر
كىشى ھەر ۋاقىت ھەربىي ھالەتە تۈراتتى. ھەربىي ئىشلارغا قارىتا خۇسۇسىي بىر
مەسلەك نەزىرى بىلەن قارايتتى. ئۇلاردىكى ھەربىي قوشۇننىڭ ئەڭ چوڭ
ئالاھىدىلىكى ئەسكەرلەرنىڭ پۈتۈنلەي ياكى ئاساسەن ئاتلىق بولۇشى، مۇئاشلىق
بولماسلىقى ۋە دائىم ئۇرۇشقا تەييار ھالەتتە تۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ.
ئات مەدەنىيىتى ياكى ئاتلىق ئۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا ئىلگىرى
ئالىملار كۆپ خىل كۆز-قاراشنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتكەن. بەزى ئالىملار ئات
مەدەنىيىتى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى تۈزلەڭ رايونلاردا بارلىققا
كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ كەشپىياتچىلىرى ئىران تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان
سىكتىلەر، دەپ قارىغانىدى. يەنە بەزىلەر ئارىئانلار ئات مەدەنيىتىنى
ياراتقان ۋە ئۇنى دۇنياغا تاراتقان دەپ قاراپ كەلگەن. بۇ ھەقتىكى
تەتقىقاتلارنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئەجدادلىرى
ئات مەدىنىيىتىنى ۋە ئاتلىق ئۇرۇش تېخنىكىسىنى ياراتقان خەلىق، دېگەن قاراش
ھازىر ئىلم ساھەسىدە بارغانسېرى ئۇستۇنلىكىنى ئىگەلىمەكتە.
داڭلىق تۈركولوگ ئو . مىنخىن 1908 يىلى ۋىنا ئانتروپولوگىيە ۋە ھۇنگىر
ئارخېئولۇگىيە مەجمۇ ئەلىرىدە ئېلان قىلىغان ئەسەرلىرىدە، شىمالىي ئاسيا ۋە
شىمالىي ياۋرۇپانىڭ تارىختىن بۇرۇنقى تەتقىقاتلارىغا مۇناسۋەتلىك
ئارخېئولىگىيلىك تەكشۈرۈشلەر جەرياندا تېپىلغان ھايۋان سۆڭەكلىرىنى تەتقىق
قىلىپ،ھايۋان بېقىشنى كېيىنكى پالىئولد دەۋرىدە ئورال –ئالتاي مىللەتلىرنىڭ
شىمالىي ۋە ئوتتۇرا ئاسيادا تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان. ①
ئاتىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرا ئاسىيادا قولغا ئۆگىتىلگەنلىكى ھازىر ھەممە
كىشى ئېتىراپ قىلغان بىر ھەقىقەت. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئاتىنىڭ مىنىك
ھايۋانغا ئايلاندۇرۇلۇشى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن
تۇرىدىغىنى ئاتىنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن يۈك توشۇش، ھارۋىغا قوشۇش ۋە
ئۇرۇشىتا ئىشىلىتىش مەسىلىسىدۇر.
بىرلىكە كەلگە قاراشقا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن 5000 يىللار بۇرۇن ئات
قولغا ئۆگىتىلگەن. بوزقىر- يايلاق مەدەنيىتىدە مۇھىم بولغىنى دەل
مىنىكچىلىكتۇر. بۇنداق ئىھتىياجنىڭ دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىدە ئەمەس، بەلكى
چەكسىز كەتكەن يايلاق ۋەسۇلۇق جايلارنى ئايلىنىش زۆرۇريىتىگە تايانغان
بوزقىر- يايلاق مەدەنىيتىدە ھىس قىلىندىغانلىقى تەبىئىىي . دەسلەپتە
توپ-توپ چارۋا پادىلىرنى كۆزىتىشنىڭ ئىقتسادىي ۋاستىسى قىلىنغان ئات ناھاتى
قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يەنە ھەربىي مەقسەت ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلدى.س.ۋ.
كىسېليىۋنىڭ قارىشچە،ئاندىرنوۋ مەدەنىيىتىنىڭ ئىگىلىرى بولغان بىراكسىفال
جەڭگىۋار ئاق ئىرق كىشلىرنىڭ ئەتىراپقا ھۆكۇمران بۇلۇشىمۇ، ئات
مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئو. مىنخىننىڭ
قارىشچە، بوزقىر رايۇنلىردا سۆڭەك مەدەنىيىتى،چارۋىچىلىق مەدەنىيتى ۋە ئات
مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل مەدەنىيەت بولغان. كېيىنكى باسقۇچتا ئات
ئاساسىي ئۇرۇندا تۇرغان «چارۋىچى جەڭگىۋارلار مەدەنىيىتى» بارلىققا كەلگەن
بولۇپ، بۇ بوزقىر مەدەنىيىتىدە بولۇپمۇ پىروتۇ تۈرۈكلەرگە خاس
مەدەنىيىەتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرجىسىنى تەشكىل قىلغان.②
ئات ھۇنلارنىڭ ئۇرۇش ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇن تۇتقان بولۇپ، ئۇلار
يىراق شەرقنىڭ تۇنجى ئاتلىق مىللىتى سۈپىتىدە دۇنياغا تۇنۇلغان، ئاتلىق
ئۇرۇش تېخىكىسىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ھۇنلارغا مەنسۇپ قىلىندۇ. ③ خەنزۇلار ئات
مىنىشنى پەقەت مىلادىيدىن بۇرۇنقى 300-يىللارغا كەلگەندە ھۇنلاردىن
ئۆگەنگەن.④ ھۇنلارنىڭ ئىقسادىي ۋە ھەربىي ئىشلار ھاياتىدا ئاتنىڭ ئىگىلگەن
رولى توغرسىدا شەرىق ۋە غەرب مەنبەلىردە ھەر ۋاقىت ئوخشاش خىلىدىكى
مەلۇماتلار تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. خەنزۇچە مەنبەلەردە ھۇن بالىلىرىنىڭ كىچىك
ۋاقتىدىن باشلاپلا قوي ۋە قوزىغا مىنىپ ئات مىنىشنى،ئوقيا بىلەن كۈسەتكە ۋە
قۇش ئېتىپ ھەربىي تەلىم -تەربىينى مەشىق قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
مىلادىيە 4-6-ئەسرلەرگە مەنسۇپ غەرب مەنبەلىردىكى مەلۇماتلارغا
ئاساسلانغاندا ھۇن بالىلىر ماڭالىغۇدەك بولغاندا، ئۇلارنىڭ يېنىدا
ئىگەرلەنگەن ئاتتىن بىر ھازىرلىناتتى ھۇنلار ئات ئۈستىدە تۇرۇپ تاماق
يەيتتى، ئات ئۈستىدە تۇرۇپ ئالاقە قىلشاتتى، ئات ئۈستىدە تۇرۇپ سۆھبەت
ئۆتكىزەتتى، ئات ئۈستىدە تۇرۇپ ئۇخلايتتى، ئاتنىڭ ئۈستى ھۇنلارنىڭ قارار
گاھى ھېسابلىناتتى. ⑤ بۇ خىلدىكى مەلۇماتلار مىلادىيە 14-ئەسىرگە قەدەر
تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ھاياتى توغرسدا مەلۇمات بىرىدىغان جۇڭگو،
شەرقىي رىم، رۇس، سۇريىە ۋە ئىسلام مەنبەلىردە دائىم ئۇچىرايدۇ. مەلۇم
بولغىندەك، يايلاق تۈركىلىرنىڭ چارۋىچىلىق ۋە ھەربىي ئىشلار
ھاياتىدا،ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيىتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ئاتقا قارىتا بىر
خىل مۇقەددەسلىك نەزىرى بىلەن قاراش بارلىققا كەلگەن.⑥
ھۇنلاردىن باشلاپ تۈركىي تىللىق مىللەتلەر كۈچلۇك ئۇرۇنى قولغا كەلتۈرۈش
ئۈچۈن، مۇنتىزىم ئاتلىق قۇشۇن تەشكىلەشكە بەكمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. بۇنداق
قۇشۇنىڭ ئاتلىرى سان- ساناقسىز ئاتلارنى بەيگىگە سېلىش ئارقلىق تالىناتتى.
ھۇنلارنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋرۇپادىكى مەشھۇر ھەربىي يۈرۈشلىرىدە، ھۇن ئاتلىق
قۇشۇنىڭ ھەيۋىسى، جەڭگىۋارلىقى،، باتۇرلىقى ۋە تېر سۈرئىتى دۇنيا ئەھلىنى
ھەيران قالدۇرغان. ھۇن قۇشۇنىڭ تەشكىلى ۋە قوراللىنىش مەسلىسىدە بولسا، ئەڭ
چوڭ ئەسكىرىي بىرلىك 10مىڭ كىشىدىن تەشكىلەنگەن بولۇپ، بۇ بىرلىكىنى «
تۈمەن قۇشۇن» دەپ ئاتايتىتى. تۈمەن قوشۇن ئۆز ئىچىدىن 1000، 100، 10 لۇق
بىرلىكلەرگە ئاترىلغان بولۇپ، ھەربىرىگە ئايرىم قوماندانلار تەيىنلىنەتتى.
سول ۋە ئوڭ قول سەركەردىلەرنىڭ ئالىي ئىدارە قىلىش ئاستىدا تەربىيلىلەنگەن
ۋە ئۇلارنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقى ئاستىدا ئۇرۇشقا قاتنىسىدىغان بۇ
قۇشۇنىڭ «ئئونلۇق سىستېمىسى» ئىچىدە، ئون بېشىدىن تۈمەن بېشىغىچە
بىر-بىرىگە باغلىنىشى ئاساسىي ماھىيتى ھەربىي خارەكتىرنى ئالغان ھۇنلارنىڭ
سىياسىي تەشكىلىنىى قەبىلىۋىي ھەلەتتىن ئازات قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن
دۆلەتكە ئايلاندۇراتتى. شۇنداقلا خانلىق تەۋەسىدىكى خەلقلەرنى تىنچلىق ۋە
ئۇرۇشتا ئورتاق نىشان ئەتراپىغا مەركەزلەشتۈرەتتى.
ھۇن قوشۇنلىرى ئۇرۇشقا چىققاندا ئۈستىگە ساۋۇت (زەنجىر كىيىمم)، بېشىغا
دوبۇلغا (تۆمۈرۈقالپاق) كىيىشەتتى. شەرق ۋە غەرب مەنبەلىرىگە قارغاندا، ھۇن
ئاتلىق قوشۇنلىرى شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ ئىلغار ئۇرۇش قوراللىرى ھېسابلانغان
ئوقيا، قىلىچ، نەيزە، تۆمۈرتوقماق، ئاۋازلىق ئوق ۋە ئىلمەكلىك ئوق قاتارلىق
قوراللارنى ئىشلەتكەن. ئۇرۇشتا ئوقيا بىلەن قىلىچ ھەممىدىن بەكرەك مۇھىم
ئورۇندا تۇرغاچقا، تۈركىي تىللىق مىللەتلىرنىڭ چۈشەنچىسىدە بۇ ئىككى
قۇرالغا قارتا سېھىرلىك قاراش مەيدانغا كەلگەن. ياۋروپا ھۇنلىرى ئارسىدا
بارلىققا كەلگەن «تەڭرى قىلىچى »رىۋايىتى مۇشۇنداق ئاساستا ئوتتۇرىغا
چىققان. شۇ سەۋەبلىك ھۇنلار دەۋرىدىن بويان قىلىچ تۈركىي تىللىق مىللەتلەر
ئارىسدا كۆلەتنىڭ ۋەكىلى بولغان ھۆكۈمدارنىڭ ھەكىمىيەت سىمۋوللدىن بىر
بولۇپ كەلگەندىن سىرت، يەنە قۇشۇنىڭ كۈچ -قۇدرىتىنىڭمۇ سىمۋولى قىلىنغان، ⑦
ھۇن ئاتلىق قوشۇنلىرىنىڭ ئۇرۇش تاكتېكىسىغا كەلسەك، بۇ توغرسىدا شەرق ۋە
غەرپ تارىخچىلىرىدىن سىماچىيەن، بەنگۇ، ماركىلىننۇس، جوردانىس، پىرىسكوس ۋە
ماتىئوس قاتارلىقلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەلۇمات قالدۇرغان. ياۋرۇپا
شەرقشۇناسلىرى ھۇنلاردا كۆرۈلگەن ۋە كېيىنكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەردىمۇ
ئەينەن تەدبىق قىلىنغان ئۇرۇش تاكتىېكىسىنى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى
نامى بويىچە «تۇران تاكتېكىسى» دەپ ئاتىغان. بۇ تاكتىكېنىڭ ئاساسلىق
ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىدەك ئىدى.
1.
چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇمغا ئۆتۈش ۋە يالغاندىن چېكىنىپ بۆكتۈرمە قويۇش
تاكتېكىسى:
ھۇن قوشۇنلىرى ئۇرۇشقا كىرگەندە، ئاتنىڭ تېز سۈرئىتى ۋە نىشانغا تەگكۈزۈش
تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن زىچ سەپ بولۇپ، كۈچلۈك تۈردە ھۇجۇمغا ئۆتكەن
دۇشمەن قۇشۇنى ئۈستىدىن غالىب كېلەتتى. ھۇن ئاتلىق قۇشۇنلىرىنىڭ ئۇرۇشتكى
ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى، ئايدىڭ كېچىدە چاقماق تېزلىكىدە تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا
ئۆتۇپ، قارشى تەرپ قۇشۇنى ئچىدە پاتپاراقچىلىق پەيدا قىلىپ، بۇ ئارقىلىق
بىر قانچە سائەت ئىچىدىلا كۆزلىگەن نەتىنجىگە يېتىشنى مەقسەت قىلاتتى.
ئاتتىلا ئۇرۇشقا ئاتلىنىشتىن بۇرۇن يېنىدىكى پالچىلارغا قوي سۆڭىكىنى
كۆيدۈرۈپ پال سالدۇرۇپ باقاتتى. ھۇن ئاتلىق قۇشۇنلارى ئۇرۇش ئۇرۇنغا
سورۇلۇش ئېھتىمالى ياكى پايدىسىز ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ئەمەلىي
شارائىتغا قاراپ، ئۆزلىكىدىن تارقىلىپ كېتەتتى،كەينىدىنلا قايتىدىن
بىرلىشەتتى. بەزىبىر تارىخچىلار تەرىپىدىن ئاتالمىش «تەشكىلاتسىز ۋە
ئىنتىزامسىز »دەپ يېزىلىغان بۇ خىل ئۇرۇش تاكتىكىسى، ھۇن قوشۇنلىرىنىڭ
ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ئىدى. مۇشۇ خىل ئۇرۇش قىلىش ئاساسىغا
قۇرۇلغان ھۇن ئۇرۇش تاكتىكىسىنىڭ ئىككى خىل خۇسۇسيىتى بولغان. ئۇنىڭ بىرى،
يالغاندىن چېكىنىش يەنە بىرى، بۆكتۈرمە قويۇش ئۇسۇلى ئىدى. بۇنىڭدا
يالغاندىن چېكىنگەن بولۇپ، دۈشمەن قۇشۇنىنى بۆكتۈرمە قويغان يەرگىچە باشلاپ
بېرىپ،ئاندىن كېيىن قورشاۋغا ئېلىپ يوقۇتاتتى.
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 200-يىلى تۈز بەرگەن بەيدىڭ مۇھاسىرىسى ۋە مىلادىيە
374-يىلى گوت خانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلىشدا، ھۇنلار مانا مۇشۇ تاكتېكىنى
قولانغان. تارىخچىلار بۇ تاكتېكىنى «بۆرە ئويۇنى» دەپ ئاتايدۇ.
2.كىچىك ھۇجۇمچى قىسىملارنى ئەۋەتىپ كۆزىتىش ۋە تەشۋىقات تارقىتىش
تاكتېكىسى:
ھۇنلار ئۇرۇش قىلىشتىن بۇرۇن كېڭەش چاقىراتتى. ئاسىيا ھۇنلىرىدا ھەربىي
ئىشلارغا دائىر مەسلىلەرنى ھەر يىلى 9-ئايدا ئېچىلىدىغان كېڭەشتە مۇزاكىرە
قىلىناتتى. چارۋا –ماللارنىڭ سانىنى ئېلىش، قوشۇن تەشكىللەش ۋە دۆلەتنىڭ
چوڭ –چوڭ ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان بۇ يىغىلىشنى د.گىروئىت، ۋئىگىر،
سىجمىدىت ۋە سىزاكىس قاتارلىقلار «مىللەت مەجىلىسى »ياكى «ئىمپېرىيە
مەجىلسى »دەپ ئاتىغان. ياۋروپا ھۇنلىرىدىكى بۇ خىل يىغىلىشنى شەرقىي رىم
تارىخچىسى پىرىسكوس «ۋەكىللەر مەجلىسى»ياكى «ھەيئەتلەر يىغىنى »دەپ
ئاتىغان.تۈرك ئالىمى ب. ئۆگەلنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھۇنلار يەنە قەرەلسىز
ھالدا«ئۇرۇش قۇرۇلتىيى »چاقىرىپ تۇراتتى.
ھۇنلار مەجلىستە (قۇرۇلتايدا)ئۇرۇش قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئالدىن
كۆزەتكۈچى قىسىم تەشكىلەپ، ئۇرۇشۇ مەيدانىنىڭ ئەمەلىي شارائىتىنى ۋە
دۇشمەننىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ كېلىشكە ئاتلاندۇراتتى. ھۇنلاردا ھۇجۇم نىشانى
ئىككى ئاساسقا تايىناتتى. ئۇنىڭ بىرى ئالدىن كۆزىتىش سەپىرى، يەنە بىرى
يوقىتش ئۇرۇشى قىلىش ئىدى.ئىگىلىمەكچى بولغان جايلار قانچىلىك يىراقتا
بولۇشىتىن قەتئىنەزەر، ئالدىن كۆزىتىش شەرت قىلىناتتى. بۇنداق كۆزئىتىش
خارەكتېرىدىكى سەپەر گاھىدا بىر قانچە يىل داۋاملىشاتتى. ھۇنلارنىڭ
ياۋرۇپانى ئىشخال قىلىشى، كېيىنكى چاغلاردا ئوغۇزلارنىڭ كىچىك ئاسياغا
يۈرۈش قىلىشى، مۇشۇ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان. ھۇنلار ياۋروپاغا كۆچكەندە،
ئۇلار ئالانلار زېمىنىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن مىلادىيە 374-يىلى ئىتىل
دەرياسىنىڭ بويىدا پەيدا بولغان ۋە ناھايتتى تېزلا گوت دۆلىتىنى يوقاتقان.
گوتلار ئاغدۇرلغاندىن كېيىن، ھۇنلار گوت، ئالان، گېرمان ۋە تەيفال قاتارلىق
مىللەتلەردىن تەشكىل قىلىنغان ياردەمچى قىسىم بىلەن مىلادىيە 378-يىلى
دوناي دەرياسىنى كېسىپ ئوتۈپ، رىم ئىمپېريىسى تەۋەسىدىكى تىراكياغىچە
(بۈگۈنكى ھۇنگىرىيەدە) ئىلگىرلەپ بارغان بولۇپ، ئۇلار كۆزىتىش ۋەزىپىسنى
ئۈستىگە ئالغان ئالدىن يۈرگۈچى قىسىم ئىدى.
ھۇنلار كۆزىتىش سەپىرى ئارقىلىق ئۇرۇش قىلىش توغرسىدا قارار چىقارغاندىن
كېيىن، چاقماق تېزلىكىدە ھەركەتكە ئۆتۈپ، دۈشمەننىڭ ئاساسىي مەركىزى، مۇھىم
قاتناش تۈگۈنلىرى ۋە خام ئەشيا مەنبەلىرگە قاراپ ھۇجۇم قىلاتتى. ھۇنلار
ئالدىن كۆزىتىش ۋە يوقىتىش ئۇسۇلى ئېلىپ بېرىۋاتقان چاغدا، دۈشمەن قوشۇنىنى
روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلەشتۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى قورقۇنىچلىق
ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى تارقىتىپ، شاۋقۇن –سۈرەن كۆتۈرۈپ، ھۇن قوشۇنىنىڭ
ناھايىتى كۈچلۈك ۋە كۆپ ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلاتتى. ئاتتىلانىڭ «تەڭرى
قامچىسى»دەپ ئاتىلىپ، پۈتۈن خرىستىئان دۇنياسىنى جازالاش ئۈچۈن، تەڭرى
تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى رىۋايەت مانا مۇشۇنداق پەيدا
بولغانىدى.
3-چېگرا بويىدا بەلگىلىك كەڭلىكتىكى جاينى ئاق قالدۇرۇش ئارقىلىق مۇداپىيە
كۆرۈش تاكتېكسى:
ھۇنلار ئۆز دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە قوشنا ئەللەرنىڭ تۇيۇقسىز
ھۇجۇم قىلىپ،ئېغىر تالاپەت پەيدا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چېگرا
بۇيىدا بەلگىلىك كەڭلىكىتىكى جاينى ئادەمسىز رايون قىلىپ ئايرىپ قوياتتى.
ئاسىيا ھۇنلىردا شەرقتىكى تۇڭگۇسلار بىلەن چېگىرلىندىغان جايدا مىڭ
چاقىرىمدىن ئوشۇقراق كېلىدىغان ئادەمسىز رايون ئايرىلغان. ياۋروپا
ھۇنلىرنىڭ مەشھۇر ئېمپىراتورى ئاتتىلا شەرقىي رىم ئىمپېرىيسىنىڭ تۇيۇقسىز
ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مىلادىيە 448-يىلى شەرقىي رىم بىلەن ئىمزالىغان
«ئاناتولىس شەرتنامىسى»دا، دوناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن بەش كۈنلىك
مۇساپىدىكى بىر جاينى شەرقىي رىمنىڭ ئەسكەر ۋە پۇقرالاردىن خالىي جاي قىلىپ
ئايرىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە شۇندا قىلىدۇرغان.⑧
4- ھەربىي مەنىۋېر خاراكتېرىدىكى دائىملىق تەنتەربىيە ھەركىتى:
ھەربىي تەلىم-تەربىيە، ئالدىن كۆزىتىش، چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇمغا ئۆتۈش،
يوقىتىش ئۇرۇشى قاتارلىق بىر قاتار ھەربىي مۇھىت ئىچىدە يېتىشكەن
ھۇنلارنىڭ، داۋاملىق ھالدا غەلبىگە ئېرىشىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرى،
ھەربىي مانىۋېر خاراكتېرىدىكى دائىملىق تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن
شۇغۇلانغانلىقى ئىدى. ھەر قايسى ئەللەرنىڭ تارىخى مەنبەلىرىدىن قارىغاندا،
ھۇنلاردا ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش ھەربىر كىشىنڭ تەبىي مەشغۇلاتلىىرىدىن
بىرى ھېسابلىناتتى.
ئات بەيگىسى، ئات ئۈستىدە چۇماقلىشىش (جىرت)، دىسكا ئېتىش، چېلىشىش،
قۇشچىلىق (يىرتقۇچ قۇشلارنى ئوۋلاش) ۋە باشقىلار ھۇنلارنىڭ تۈرلۈك توپ
ئويۇنلىرى –پوتبول، گولف، پولۇ(ئاتلىق توپ ئويۇنى)ھۇنلاردىن ئېتىبارەن
تۈركىي قوۋملىرى ئارسىدا ئوينالغان بولۇپ،بۇ كۆك تۈرۈكلەر دەۋرىدە ئوتتۇرا
تۈزلەڭلىكە تارقالغان.⑨تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ بوزقىرلىردا ئاپرېل ۋە
ماي ئېيىنىڭ دەسلەپكى ھاۋا گۈلدۈرلىگەن چاغلىرىدا باشلىندىغان ناخشا-
مۇزىكىلىق كۆڭۈل ئېچىش باھار بايراملىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلىدىغان ئات بەيگىسى
ۋە تۈرلۈك مۇسابىقىلەر ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ئوۋچىلىق ئىدى. بولۇپمۇ مىڭلىغان
ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش بىلەن ئاخىرلىشدىغان ئۇزۇنغا سوزۇلدىغان ئوۋ
ھەركىتى ھەقىقەتەن بىر خىل ھەربىي مانىۋېر خارەكتىرىگە ئىگە ئىدى. خەنزۇچە
مەنبەلىرىگە قارىغاندا، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 62-يىلى ھۇن ئىمپېرىيسىنىڭ
باشقۇرۇشىدا ئۇيۇشتۇرلغان مۇشۇ خىلدىكى بىر قېتىملىق ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئوۋ
ھەرىكىتىگە 100 مىڭ ئاتلىق ئەسكەر قاتناشقانىدى. يەنە بىر ئۇزۇنغا سۇزۇلغان
ئوۋ ھەركىتىدە 700 چاقىرىم (350 كىلومىتېر) كېلىدىغان بىر دائىرە قورشاۋغا
ئېلىنغان. ئاتتىلانىڭ ئەڭ چوڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئوۋچىلىق بولۇپ، ئوۋ
ھەرىكىتىگە نەچچە ئون مىڭ ھۇن ئاتلىق ئەسكەرلىرنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىدىغانلىقى
غەرب مەنبەلىرىدە تىلغا ئېلىنغان.
ھەربىي مانۋېر خارەكتىرىدىكى دائىملىق تەنتەربىيە ھەركىتى نەتىجىسىدە
چاققان، چەبدەس ۋە جەڭگىۋار روھى بىلەن ئۇرۇشتا باتۇرلۇق خىسلىتىنى
ياراتقان ھۇن قوشۇنىنىڭ «تۇران تاكتىكىسى»، كېيىن ھەر قايسى تۈركىي تىللىق
مىللەتلەر تەرپىدىن تەدبىقلانغاندىن سىرت، يەنە باشقا مىللەتلەر تەرپىدىنمۇ
قوبۇل قىلنغانىدى ھەربىي يۈرۈش مەزگىلەدە تۈرلۈك قېيىنچىلىقلارغا ۋە
ئوخشىمىغان جۇغراپىيلىك مۇھىتقا ئاسانلا ماسلىشىپ كېتىشى بىلەن،
زامانىمىزدىكى تەتقىقاتچىلارنىمۇ ھەيران قالدۇرغان ھۇن قوشۇنىنىڭ تەلىم
-تەربىيە، تەشكىلى- ئىنتىزامى، كۈچ –قۇدرىتى، تاكتىكىسى ۋە ئۇرۇش قورالىنىڭ
ئىلغارلىقى باشقىلار تەرپىدىن قوبۇل قىلنغان تۇنجى بوز قىر مۇئەسسەسىدۇر.⑩
ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە قوشۇننى «تۇران تاكتېكىسى» بۇيىچە تەشكىللەش ۋە
قۇراللاندۇرش تەشەببۇسى ئەڭ دەسلەپ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 318-يىلىدىكى
كېلىشىمگە داخىل بولۇپ، ھۇنلارنىڭ ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشىكەن جاۋ
بەگلىكىدىكى ۋۇلىڭ دەۋرىدە (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 325-298-يىللار )ئوتتۇرىغا
قويۇلغان، چىن سۇلالىسىنىڭ پادشاھى چىن شىخۇاڭ دەۋرىدە (مىلادىيىدىن
بۇرۇنقى 221-209-يىللار )تېخىمۇ كۈچەيگەن، خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ۋۇدى
دەۋرىدە (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 141-89-يىللار)قۇماندان خۇچۈبىڭ بىلەن ۋىي
چىڭ تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى.خۇچۈبىڭ «تۇران تاكتېكسى»نى قوللانغان
تۇنجى باشقا مىللەت قوماندانى دەپ قارالماقتا. شۇنداق قىلىپ، ئوتتۇرا
تۈزلەڭلىكتە ئات مىنىش مىلادىيدىن بۇرۇنقى 300-يىلى ھۇنلاردىن قۇبۇل
قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاتلىق قۇشۇن تەشكىللەش ۋاستىسى بىلەن ئەسلىدە
بوز قىر ئاتلىق ئەسكەرلىرىگە خاس بولغان ئىشتان –چاپان، قۇلاقچا ۋە ئۆتۈك
جۇڭگوغا ئېلىپ كىرىلدى. يەنە ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئوۋ ھەرىكىتىمۇ ئوتتۇرا
تۇزلەڭلىكتە كۆرۈلدى. بۇ ئىسلاھات ۋە تەقلىدىلەر كۆك تۈرۈكلەر دەۋرىدىمۇ
ئېلىپ بېرىلدى.⑾
ھۇنلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچۈپ بېرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىي تەشكىلىي تۈزۈمى
ۋە ئۇرۇش تاكتېكسى ياۋرۇپادا ناھايتى تېزلا ئۆز تەسرىنى كۆرسىتىشكە
باشلىدى. مۇشۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ، رىم قوشۇنىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمىدە
«ئونلۇق سىستېمىسى» قورالىغا ئايلاندى. ھازىرقى ئەنگىلىيىدە نۇرغۇن ھۇنچە
قورال ياسايدىغان زاۋۇتلار قۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھۇنلارنىڭ كىيىم-
كىچەك فورمىسىمۇ غەربلىكلەر تەرىپىدىن تونۇلۇپ قۇبۇل قىلىندى.
ھۇن قوشۇنىنىڭ قوراللىنىشى ۋە ئۇرۇش تاكتېكىسى شەرىقىي رىم ئىمپېرىيىسىگە
ناھايتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. شەرقىي رىمدە قوشۇن ھۇن قوشۇنىغا
تەدبىقلىنىپلا قالماي، يەنە ئىمپېراتورلار تەرىپىدىنمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس
تەتقىقات ئەسەرلىرى يېزىلغان. ئىمپېراتور ھىراكلىئوسنىڭ «تاكتېكا» دىگەن
ئەسىرىدە مىلادىيە 700- يىلى ماىئاكوس تەرىپىدىن يېزىلغان «ئىستىراتېگىيە»
دىگەن ئەسەردە ۋە ئىمپېراتور لىئوننىڭ «تاكتېكا» دىگەن ئەسىرىدە ھۇن، ئوغۇر
(بولغار)، كۆك تۈرك، پەچىنەك ۋە ماجارلارنىڭ قوشۇن تەشكىلىي ۋە ئۇرۇش
تېكتېكىسى مەخسۇس تونۇشتۇرۇلغان، ھەمدە شەرقىي رىمدىمۇ مۇشۇ شەكىلدە
ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ لازىملىقى ئوتتۇرغا قويۇلغان.
⑿
شەرقىي رىمنىڭ داڭلىق قوماندانى نارسېسنىڭ مىلادىيە 552- يىلى ئىتالىيىدىكى
گوتلارغا قارىشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشىدا،«تۇران تاكتېكىسى»نى قوللانغانلىقى
تارچى ئاگاتخاسىنىڭ ئەسىرىدىن مەلۇم. رۇسلارمۇ كېيىۋ كىنەزلىكى دەۋرىدىن
ئىتىبارەن ئۆز قوشۇنىنى مازار، پەچىنەك ۋە قۇمان- قىپچاق ئۇسۇلىدا
تەشكىللىگەن ۋە قوراللاندۇرغان. چىڭگىزخانمۇ مىلادىيە 1206- يىلى ئۆزىنى
خان دەپ جاكارلاپ، مۇڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، ئۇ، مۇڭغۇل- تۈرك
قوشۇنىنى ھۇنلاردىن تەشكىللىگەن، قوراللاندۇرغان ۋە ئۇرۇش قىلغان.
3.
قانۇن - ئەدلىيە
بىز ھۇنلارنىڭ قانۇن- تۈزۈمى ۋە ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسى توغرىسىدا، قەدىمقى
خەنزۇچە يىلنامىلەر ۋە غەربنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى مەلۇماتلارنى ئاساس
قىلىمىز. ھۇن تارىخىغا دائىر نوپۇزلۇق تەتقىقات ئەسەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە،
ھۇن جەمئىيىتىدە تۆرە قانۇنى، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ۋە كەسكىن ئىجرا
قىلىنغان. تۆرە ئۆرپ- ئادەت قانۇنى بولۇش بىلەن بىرگە، «ئىجتىمائىي ھاياتنى
تەرتىكە سالغۇچى مەجبۇرىي قائىدىلەرنىڭ بىرلىكى» ① ئىدى. ئاتاغلىق باشقىرىت
ئالىمى ئا. زەكى ۋەلىدى توغان ئۆزىنىڭ «ئومۇمىي تۈرك تارىخى كىرىش» دىگەن
كىتابىنىڭ 112- بېتىدە، ھەر ۋاقىت ناھايتى ئاددىي ۋە ئېلاستىكىلىق بىر
تەشكىلات سىستېمىسىغا يەنى ‹تۆرە› دەپ ئاتىلىدىغان ئۆرپ- ئادەت قانۇنىغا
تايانغاندۇر. بۇ سىستېما ئەڭ كىچىك بىر تەشكىلات بولغىنىغا ئوخشاش، ئاسىيا
ۋە شەرقىي ياۋرۇپا مىقياسىدىكى كەڭ تەشكىلاتلاردىمۇ ئاشۇنداق قولايلىق
بىلەن تەدبىقلانغان........ مەتە (باتۇر)، ئاتىللا، تۈن يايغۇ، چىڭگىز ۋە
تۆمۈر قاتارلىق ھۆكۈمدارلار، بۇ ئۆرپ- ئادەت قانۇنى بويىچە ئىش كۆرەتتى. بۇ
ئۆرپ- ئادەت قانۇنى كىتابلاردا يېزىلغان بولماستىن، بەلكى خەلقنىڭ
ئىجتىمائىي ھاياتىدا داۋاملىشىپ كەلگەن دەپ يازغان.
شەرق ۋە غەرب مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھۇنلارنىڭ قانۇن- تۈزۈمى ئۇلارنىڭ
سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ئىشلار، نىكاھ، ئەخلاق، ئۆرپ- ئادەت، قائىدە-
رەسمىيەت، جىنايى- جازا ۋە ھەرىكەت مىزانى قاتارلىق تەرەپلەردە
گەۋدىلەنگەن. ھۇن قانۇنى ناھايتى ئادىل، ھەققانىي، باراۋەرلىكنى ياقلاشتەك
ئالاھىدىلىكى بىلەن شۇ دەۋرىدىكى باشقا مىللەت قانۇن- تۈزۈملىرىدىن پەرقلىق
بولغان. ھۇن پۇقرالىرى قانۇننىڭ ھىمايىسى بىلەن جەمئىيەتتە ھۆر، ئەركىن ۋە
باراۋەر ياشىغان. شەرقىي رىم تارىخچىسى پىرىسكوسنىڭ مەلۇماتىدا، بىر شەرقىي
رىملىقنىڭ شەرقىي رىمىدا كىشلەرنىڭ نازارەت ۋە بېسىم ئاستىدا
تۇرىدىغانلىقى، لېكىن ھۇن ئىمپېرىيىسىدە ئۆزىنىڭ ھۇنلارغا ئوخشاش تىنىچ ۋە
ئەركىن ياشاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى خاتىرلەنگەن. «تۈرك
ئىنسىكلوپېدىيىسى» نىڭ «ئاياللار ھوقۇقى» ماددىسىدا مۇنداق دىيىلگەن:
«ھۇنلارغا كەلسەك، مەيلى ئاسىيا ھۇنلىرى بولسۇن ياكى ياۋرۇپا ھۇنلىرى
بولسۇن، بارلىق مىللەتلەر بۇ ھەقتە سۆز ئاچىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىن
ياۋرۇپانىڭ غەربىي قىرغاقلىرىغا قەدەر سۇزۇلغان بۇ كەڭ رايۇنلاردا، ھۇنلار
داۋاملىق ھالدا ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرغاچقا، ئەر ۋە ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتە
ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىگى مەلۇم. خەنزۇلار ۋە شەرقىي رىملىقلار بىلەن
بولغان مۇناسىۋەتتە ئىمپېراتورنىڭ يېنىدا خانىشنىڭمۇ ئورۇن ئېلىشى ھەر
ئىككىلىسىنىڭ دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ② مەنبەلەردە
ھۇنلارنىڭ ئەسىرگە ئېلىنغانلارنىمۇ ئائىلە ئەزالىرى قاتارىدا كۆرگەنلىكى
ئۇچرايدۇ. داڭلىق تۈرك ئالىمى ب. ئۆگەل ھۇنلارنىڭ سىياسىي تۈزۈمى توغرىسىدا
توختالغاندا: «ھۇن ئىمپېرىيىسى مۇستەبىت پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈمى
بولماستىن، بەلكى دېمۇكېراتىزىم ئىدى» ③ دەپ كۆرسەتكەنىدى. دىمەك، شۇ
دەۋرىدىكى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ھۇن جەمئىيىتى ئادىل قانۇن
ئاساسىغا قۇرۇلغانىدى.
ھۇن قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدا ئۆتەيدىغان مەجبۇرىيىتىمۇ ئېنىق
بەلگىلەنگەن. ئۇلار چارۋا- ماللىرىنىڭ سانىغا قاراپ باج تاپشۇرغاندىن سىرت،
جىدىي پەيتتە ئۆزىنىڭ ئېتى ۋە قورال- ياراقلىرىنى تەييارلاپ ئۇرۇشقا
قاتنىشىشى شەرت ئىدى.
ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ جىنايى جازا قانۇنى ناھايتى روشەن ئىدى. ساقلىنىپ
قالغان پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، ئاسىيلىق قىلغان كىشلەرگە ۋە ئوغىرلىق
قىلغان كىشلەرنىڭ جىنايىتى ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلەتتى. چەت
ئەل ئەمەلدارلىرى ۋە ئىغۋاگەرلەرچىلىك قىلىپل، ھۇنلارغا قارىشى تەتۇر
تەشۋىقات تارقاتسا، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، قايتا كېلىشى مەنئىي
قلىناتتى. رۇگا دەۋرىدە شەرقىي رىم ئىمپېريىسىىڭ بەزى ئەمەلدارلىرى ھۇن
ئىمپىريىسىدە سودىگەر، سەيياھ ۋە ئويۇن قويغۇچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ھۇن
پۇقرالىرىنى ئىسيان كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتكەن. رۇگا بۇ ئەھۋالنى بايقىغاندىن
كېيىن، ئۇلارنى تۇتۇپ كېلىپ جىنايىتىنى ئىقرار قىلدۇرغاندىن كېيىن،
چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان. رۇگا بۇنى شەرقىي رىم بىلەن تۈزگەن
شەرىئەتنامىنىڭ بىر ماددىسى قىلىپ كىرگۈزگەن. ④
ھۇنلارنىڭ ئەدلىيە تەشكىلاتى بىرى ئىمپېراتور باشچىلىغىدىكى ئالىي (دۆلەت)
سوت مەھكىمىسى (يارغۇ)، يەنە بىرى يارغانلار (سوتچىلار) ۋە ئۇلارنىڭ قول
ئاستىدىكى كىشلەردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەتتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا
ئايرىلغان. ئاتىللا ئۆزىگە سۇيقەست پىلانلىغان بېگىلارنى ئەدلىيە
سوتلىغاندا، جىنيەتچىنىڭ ئىقرارى ۋە پوزىتسىيىسىگە قارايتى. بېرىلىدىغان
ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلغان. ئاتىللانىڭ يۈرگۈزگەن ئۆلۈم جازاسى ئادەتتە
دارغا ئېسىش ۋە موما ياغىچىنىڭ ئۇچىغا باغلاپ، يىرتقۇچ قۇشلارغا يەم قىلىپ
ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئىجرا قىلىناتتى.
ھۇن قانۇنىنىڭ مۇكەممەللىكىنىڭ ئالاھىدە بىر بەلگىسى – بۈگۈنكى كۈندىكى
خەلقئارا قانۇنىنىڭ دەسلەپكى بەلگىلىرىنىڭ ھۇن قانۇنىدا كۆرۈلۈشى ئىدى.
ھۇنلار قوشنا دۆلەتلەر بىلەن شەرتنامە- كېلىشىم تۈزۈپ، تىنچلىق ئورنىتىشقا
ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ھەمدە ئۇنىڭ ماددىلىرىغا قاتتىق رىئايە قىلغان.
قوشنا ئەللەر شەرتنمە- كېلىشىمنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تىنچلىقنى
بۇزغاندا، ھۇنلار ئىلگىركى تەرتپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەسكەر چىقىرىپ،
ئۇ دۆلەتكە قارىشى جازا يۈرۈشى قىلاتتى. ئاتىللانىڭ مىلادىيە 441- يىلى ۋە
447- يىلى ئېلىپ بارغان يالقان يۈرۈشى مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يۈز بەرگەن.
ھۇنلارنىڭ، نىكاھ ئادىتىدە بىر ئەر- بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. ⑤
ھۇنلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان چاغدا، ئۇلاردا يەنە ئاتىسى ئۆلسە
ئوغلى ئۆگەي ئانىسىنى ئالىدىغان، ئاكىسى ئۆلسە ئىنىسى يەڭگىسىنى ئالىدىغان
ئادەتمۇ بولغان. ئۇلارنىڭ مۇنداق قىلىشتىكى مەقسىدى ئۆز نەسەبىنى ساقلاپ،
تۇل خوتۇنلارنى تىزگىنلەش ئىدى. بۇ خىل ئادەت كۆك تۈرك ۋە ئۇيغۇرلاردىمۇ
بولمىغان. ھۇنلار ياۋرۇپاغا كۆچكەندىن كېيىن، ئۇلاردا بۇ خىل ئادەت
بولمىغان. بۇدا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ خانىشىنىڭ تۇل ھالەتتە
يالغۇز ئۆتىشى، ياۋرۇپا ھۇنلىرىدا ھەر قانداق ئەھۋالدا بىر ئەر- بىر
خوتۇنلۇق تۈزۈمىنىڭ روشەن ھالدا يولغا قويۇلغانلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
4.
ئىقتىساد – سودا
ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسى ياۋرۇپا سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتىغا
ناھايتى زور تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى يەنە ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي
ھاياتىغىمۇ بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. ھۇن ئىمپېرىيىسى ئىتتىپاقىغا
تۈرك، فىن- ئۇغۇر، ئىران، سلاۋيان ۋە گېرمان مىللەتلىرىدىن بولۇپ، 45 تىن
ئارتۇق مىللەت قارىغانىدى. بۇ ئوخشىمىغان تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەر يەنە
ئوخشىمىغان جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادد باسقۇچىدا ياشايتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى
ئولتۇراق دېھقانچىلىق ئىگىلىكى بلەن شۇغۇللانسا، بەزىلىرى چارۋىچىلىق
بىلەن، يەنە بەزىلىرى ئورمانلىقلاردا ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. بۇ
مىللەتلەر تىنچ كۈنلەردە ئۆز ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئېرىشكەن
مەھسۇلاتلىرىدىن بەلگىلەنگەن مىقداردا ھۇنلارغا باج تاپشۇراتتى. ئۇرۇش
كۈنلىرىدە بولسا ئۆزىنىڭ پادىشاھى ۋە قوماندانلىرىنىڭ رەھبەرلىگىدە، ھۇن
ئىمپېراتورى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، جەڭگە قاتنىشاتتى. قەدىمكى غەرپ
تارىخچىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندان، ھۇنلار قارا دېڭىز بويلىرىدىن
دوناي دەرياسىغىچە بولغان جايلاردا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ
جايلار سۈيى مول، ئوت- چۆپلىرى بۇلۇق ئۆسكەن جاي بولۇپ، چارۋىچىلىق بىلەن
شۇغۇللىنىشقا ناھايتى ماس كېلەتتى. ھۇنلارنىڭ ئاساسلىق چارۋا- ماللىرى ئات
ۋە قوي ئىدى. بۇ ھەقتە ئامىئاس مۇنداق يازغان : «ھۇنلار كۆچمەن چارۋىچىلىق
تۇرمۇشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلار كىچىكىدىن تارتىپلا ئاچلىق،
ئۇسسۇزلۇق ۋە سوغاققا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولۇپ چوڭ بولاتتى. ھۇنلار
بىر جايدىن يەنە بىر جايغا قاراپ كۆچكەندە، ئۈستىگە چىدىر ئۆي
قۇراشتۇرۇلغان ھارۋىلارنىڭ ئالدىدا چارۋا- ماللىىرنى ھەيدەپ ماڭاتتى.
ئاياللار ھارۋا ئۈستىدىكى چېدىر ئۆيدە ئولتۇرۇپ رەخت توقۇيتى. كىيىم- كېچەك
تىكەتتى. ①
ھۇنلارنىڭ شۇنچە تېز ئارىدا زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى ئاساسىي
سەۋەب، ئۇلارنىڭ ئاتلىق ئۇرۇش تېخنىكىسىغا ماھىرلىقىدىن بولغانىدى. ياۋروپا
ھۇن ئىمپېرىيىسىدە ھۇن قوشۇنلىرىنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئارتۇ بولۇپ، ئۇلار
پۈتۈنلەي ئاتلىق قوشۇن ئىدى. مانا شۇنداق كۆپ ئەسكەرلەرگە كېتىدىغان ئات
مەنبەسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھۇنلار چارۋىچىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.
مىلادىيە 4-6- ئەسىرلەردە ياشىغان غەرب تارىخچىلىرى ھۇن بالىلىرى
ماڭالايدىغان بولغاندا، ئۇلارنى يېنىدا ئىگەرلەنگە ئاتتىن بىرى تەييار
تۇراتتى. ھۇنلار ئات ئۈستىدە قۇرۇلتاي ئېچىپ، ئات ئۈستىدە بىر- بىرى بىلەن
ئالاقە قىلاتتى. ئات ئۈستىدە تۇرۇپ غىزالىناتتى. ھەتتا ئات ئۈستىدە تۇرۇپ
ئۇخلايتى، دەپ يازغان. مانا بۇلار ھۇنلارنىڭ ھاياتىدا ئاتنىڭ ناھايتى مۇھىم
ئورۇندا تۇرىدىغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ھۇنلارنىڭ تاشقى سودىسى ئاساسەن شەرقىي رىم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. ھۇن
سودىگەرلىرى چېگرا بويىدىكى بەلگىلەنگەن شەھەرلەردە شەرقىي رىم
سودىگەرلىرىگە ئات، قوي، يۇڭ- تېرە، كىيىم- كېچەك ۋە قىلىچ قاتارلىق ئۇرۇش
قوراللىرىنى ساتاتتى. ھۇن ئاياللىرى تىككەن ئەرەنچە ۋە ئايالچە كۆڭلەكلەر
شەرق رىم ۋە پۈتكۈل ياۋرۇپادا ئەتىۋارلىنىپ كىيىدىغان مودا كىيىمگە
ئايلانغان.
ھۇنلارنىڭ ئاساسلىق يىمەك- ئىچمىكى گۆش تۈرىدىكى تاماقلار ۋە قىمىزدىن
ئىبارەت بولۇپ، ھۇنلار قىمىزنى «كامۇن: ياكى «مەدۇس» دەپ ئاتايتى. ھۇنلار
ئۇرۇشقا چىققاندا، ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ يىيىش ئۈچۈن گۆشتىن قۇرۇتۇلغان
يىمەكلىك (كونسېرۋا) ياساپ، ئاتنىڭ ئىگىرىگە ئېسىۋالاتتى. شۇ ۋاقىتتا قەدەر
بۇنداق يىمەكلىكنى (گۆش كونسېرۋاسىنى) كۆرۈپ باقمىغان ياۋروپالىقلار،
ھۇنلانرىڭ بۇ خىل يىمەكلىكىگە بەكمۇ ھەيران قالغان.
5.
مەدەنيەت-سەنئەت
1.
تىل
تىلشۇناسلار ۋە تارىخىلار قەدىمكى خەنزۇچە مەنبەلەر ۋە غەرب مەنبەلىرىدە
ساقلىنىپ قالغان ھۈنچە سۆزلەرنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ھۇنلارنىڭ تۈركىي
تىلىدا سۆزلەشكەنلىگىنى تەل- تۆكۈس ئىسپاتلىدى. شۇنداقتىمۇ ھۇنلار
ياۋروپادىكى گىرىك، گېرمان، سىلاۋيان ۋە فىن- ئوغۇر مىللەتلىرى بىلەن
بولغان تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ تىلىدىن بىر مۇنچە
سۆزلەرنىمۇ قۇبۇل قىلغان. شۇڭا، ھۇنلارنىڭ ساقلىنىپ قالغان تىل
يادىكارلىقلىرىدىن سۆز ئاچقاندا، ئەلۋەتتە بۇ تەرەپلەرگە سەل قارىماسلىق
كېرەك.
غەرب مەنبەلىرىدە ساقلىنىپ قالغان ھۇن تىلى يادىكارلىقلىرىزنىڭ كۆپىنچىسى
كىشى ئىسىملىرى، ئاز بىر قىسىمى بولسا جخنىس ئىسىملىرى ھېساپلىنىدۇ.
تىلشۇناسلار ھۇنچە سۆزلەرنى مۇشۇ ئىككى تۈر بويىچە ئىزاھلىغان. تۆۋەندە بىز
بۇ ھەقتىكى بايانلارنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.
1.
كىشى ئىسملىرى:
ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ بۈيۈك ئىمپېراتورى ئاتىللانىڭ ئىسىمى قەدىمكى ھۇنچە
قەدىمقى غەرب مەنبەلىرىنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك تىلغا ئېلىندىغان بولۇپ، بۇ
ئىسىمنىڭ تۈركچە «ئاتىل» ياكى «ئەتىل» دىگەن ئىسمىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى
باشتا سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق.
مىلادىيە 400- يىلىدىن 422- يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ھۇن ئىمپېراتورى
گىرك ۋە لاتىن مەنبەلىرىدە «ئولدىز»، «ئۇلدىن» ، «خۇلدىن» ، «يىلدىز» ،
«يۇلتۇز» دىگەندەك بولىدۇ، دەپ چۈشەندۈرگەن.
قاراتون دىگەن ئىسىم بىرەك ھالدا «قارا چاپان» دەپ چۈشەندۈرۈلمەكتە.
پىرىسكوسنىڭ ئەسىرىدە «ئويبارسئوس» دىگەن شەكىلدە يېزىلغان ئىسمدىكى
«ئىئوس» گىرىك تىلىدا قوشۇمچە ھېساپلىناتتى. گىرىكلارنىڭ باشقا تىللاردىكى
«ئا» تاۋۇشى ئۈچۈن بەزىدە يەنە «ئو» ھەرىپىنى ئىشلەتكەنلىگىنى نەزەرگە
ئالىدىغان بولساق، بۇ ئىسمنى «ئايبارىس» دەپ ئوقۇشقا بولىدۇ. ئايبارىس
تۈركچە ئىسىم ھېسابلىنىدۇ. يەنە مىسال ئالىدىغان بولساق، ئايتاش، ئايبەگ،
ئايتەمۈر، ئايدۈت، ئايتېكىن، تايبارس، بۆرىباىس، قاربارسى دىگەن ئىىسملار
قەدىمكى تۈركىي تىلدا كەڭ قوللىنىلغان. پىرىسكوس ھۇنلارنىڭ بىر قوماندانىنى
«ئۆنېگىسوس» دەپ يازغان. سىزاكىس بۇ ئىسىمنى تۈركچە «ئون ئىككى» دىگەن
مەنىدە ئىزاھلىغان.
ئاتىللانىڭ دادىسىنى پىرىسكوس «مۇندىئوكوس» ، جوردانىس «موندزۇك» شەكىلدە
يازغان. ھۇنگر رىۋايەتلىرىدە بەندەگۆز» دىيىلگەن. گ. نېمېز بۇ ئىسىمنى
تۈركچە «مۇنجۇق» دەپ ئوقىغان. قەدىمكى تۈركىي تىللىق خەلقلەردە ئەر مۇنجۇق
دىگەن ئىسم كەڭ قوللىنىلغان. مۇنجۇق تۈركىي تىلدا «ئەينەكتىن ياكى تاشتىن
ياسالغان ئوتتۇرسىدا تۈشۈكى بار زىننەت بويۇمى» دىگەنلىك بولاتتى. يەنە
«ئۈنچە – مەرۋايىت، مارجان، تۇمار» ۋە «بايراق» دىگەن مەنىلىرىمۇ بار ئىدى.
مۇنجۇق قەدىمدە ۋە «بۇنچۇق»، «مۇنچۇق» ، «مۇنچۇق»، «مۇنچۇق»، «مۇنچاق»،
«مۇنشاق»، «مۇنساق»، «مۇنيشاق»، «مۇنيساق»، «موينساق»، «مۇيىنساق» دەپمۇ
ئاتىلاتتى. ①
ئاتىللانىڭ ئاكىسى شەرقىي رىم مەنبەلىرىدە «بىلەداس» ، «بلىداس» ، «بدەلا»
،«بدەللا» لاتىن مەنبەلىرىدە «بىلەدا» ،«گېمان رىۋايەتلىرىدە بىلۆدەل»
،«بلۆدەلىن» ،«بىلۆدەللىن» دىيىلگەن. ھۇنگر تىلى ۋە رىۋايەتلىرىدە «بۇدا»
دىگەن شەكىلدە تىلغان ئېلىنغان. تىلشنۇناسلار بۇدا ۋە رۇگا دىگەن ئىىسمنى
گوت مەنبەلىك ئىىسم دەپ قارىماقتا. ②
شەرقىي رىم مەنبەلىرىدە ھۇنلارنىڭ قوماندانلىرىنىڭ ئىسمى سۈپىتىدە «باسكىن»
ۋە «كۇرسىكخىن» دىگەن ئىككى ئىسىم تىلغا ئېلىنغان. ۋامبىرىي بۇ ئىسىملارنى
ئايرىم- ئايرىم ھالدا، تۈركچە بارسىق ۋە قۇرسىق دەپ ئوقىغان. ئاتاقام ۋە
ئەشقام دىگەن ئىسىملارنى گ. نېمېز «ئاتا شامان» ۋە «ئەش شامان» دەپ
ئىزاھلاش بىلەن بىرگە، ئالدىنقىسىدىكى «ئاتا» سۆزىنى بۇ شامانغا ھۆرمەت
كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللىنىلغان، دەيدۇ. ③
ئاتىللانىڭ چوڭ خانىشىنىڭ ئىسمى پىرىسكوسنىڭ ساياھەت خاتىرسىدە «كرېكا»
،«خېركا» ،«ئېرېكا» ،«ھېاكژ»، «ئېكا» ھۇنگىر مەنبەلىرىدە بولسا، «رېكا»،
«قەدىمقى گېرمان مەنبەلىرىدە «ھىركخى» ، «ھېلېخى» ،«ھېركژ»، «ئىركا»، ھۇنگر
مەنبەلىرىدە بولسا «رېكا» دەپ يېزىلغان. گ. نېمېز بۇ ئىسىمنى تۈركچە
«ئارىغقان» دەپ ئوقىغان. «ئارى» سۆزى تۈركى تىلىدا «گۈزەل»، «پاك»، «پاكىز»
،«سىلىق» دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «قان» سۆزى بولسا ھۆرمەت سۆزى ئىدى.
دىمەك بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى «گۈزەل خانىش»، «پاك خان» دىگەنلىك بولاتتى.
پىرىسكوسنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئاتىللا ئارىغقاننى ئىنتايىن ھۆرمەت
قىلاتتى. ئارىغقاننىڭ ئايرىم داچا، ساناتورىيەلىرى، خاس خىزمەتچى ۋە
لەتىپىچىلىرى بار ئىدى. ئۇ ئۆز ئالدىغا چەت ئەل ئەلچىلىرىنى قۇبۇل قىلاتتى
ۋە ئۇلارنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بېرەتتى.④
ئاتىللانىڭ چوڭ ئوغلىنى جوردانىس «ئەللاك» دىگەن ئىسىمدا يازغان. گ. نېمېز
بۇنى «ئىلەك» دەپ ئوقۇپ، ئۇنىڭ قەدىمكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر تەرىپىدىن
كەڭ قوللىنىلغان ئىسىملارنىڭ بىرى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئاتىللانىڭ
ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى مەنبەلەردە «دەنگېىزىك» ، «دەنزىگىخ» دەپ
يېزىلغان. گ . نېمېزنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىسىم تۈركىي تىلدىكى تەنگىز- دەنگىز-
دېڭىز سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇ ئىسىمنىڭ كەينىدىكى «ك» تاۋۇشى
ئەركىلەتمە قوشۇمچىسى ھېساپلىنىدۇ. ⑤ ئاتىللانىڭ ئۈچىنچى ئوغلى پىرىسكوسنىڭ
ئەسىرىدە «ئېرناك»، جورداسنىڭ ئەسىرىدە «ھېرناك» دىگەن شەكىلدە يېزىلغان.
گ. نېمېز بۇ ئىسىمنى تۈركچە ئىرنەك ياكى ئىرنىك دەپ ئوقۇشقا
بولىدىغانلىقىقىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇ قىرغىزلار ئارىسىدا ئىرنەبەگ دىگەن
ئىسىمنىڭ بارلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، بۇ ئىسىمنى تۈركىي تىلىدىكى «ئەر» ياكى
«ئىر»دىگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان، دەيدۇ. ⑥
ئەينى ۋاقىتتا ھۇن ئىمپېرىيىسى ئىتتىپاقىغا كىرگەن ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ
تىلىدىنمۇ بەزى سۆزلۈكلەر ھۇن تىلىغا قۇبۇل قىلىنغان. بۇ سۆزلۈكلەردىن
ساقىنىپ قالغانلىرى يەنىلا كىشى ئىسىملىرى ۋە جىنىس ئىسىملىرى ئىدى. بۇ
كىشى ئىسىملىرى ھىندى ياۋروپا تىللىرىدىن قۇبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا
رۇگا (رۇيا، رۇئا)، بىلەدا، تولدىلا (ھۇن قوماندانى) ۋە لائۇدا رېكۇس
قاتارلىقلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
2.
جىنىس ئىسىملىرى:
ھۇن تىلىدىن ساقلىنىپ قالغان جىنىس ئىسىملىرى ھىندى ياۋروپا تىلىدىن قۇبۇل
قىلىنغان سۆزلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلار پىرىسكوس بىلەن جوردانىسنىڭ
ئەسىرىدە خاتىرلىنىپ قالغان.
پىرىسكوس ئاتىللانىڭ ئوردىسىغا ئەلچىلىككە بارغاندا، ئۇلارنىڭ شەرىپىگە
زىياپەت بېرىلگەن. دستىخانغا تىزىلغان يىمەك- ئىچمەكلەر ئىچىدە «كامۇن» ۋە
«مەدۇس» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى خىل ئىچىملىكمۇ بولغان. كامۇن- ئارپىدىن
ياسىلدىغان ئىچىملىك بولۇپ، كامۇن دىگەن سۆز ھۇنلار ياۋروپاغا كۆچۈپ
بېرىشتىن بۇرۇنلا، يەنى مىلادىيە 3- ئەسىردىكى لايىن مەنبەلىرىد «كامۇن»،
«كامۇس» دىگەن شەكىللەردە خاتىرلىنىپ، ئارپىدىن ياسىلدىغان بىر خىل
ئىىچملىكنى ئاتاشقا ئىشلىتىلگەن. ھىندى- گېرمانشۇناسلار بۇنىڭ ئەسلى
مەنبەسىنىڭ كىلت ياكى پاننۇن تىلىغا مەنسۇپلىقىنى ئوتتۇرغا قويماقتا. يەنە
بىر «مەدۇس» دىگەن سۆزنىڭ مەنبەسىمۇ ھىندى- ياۋروپا تىلىغا مەنسۇپ
ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ سۆز گېرىكچىدا «مەتبۇ» (شاراپ)، سانسىكرىتچىدە
«مادبۇ» (ھەسەل، بال)، كىلتىچىدە مەدۇ (بال)، يىراق قەدىمكى گېمان تىلىدا
«مەتۇ» (شاراپ)، ئانگىلو- ساكسۇن تلىدا «مەدۇ«، «مەئۇدۇ» (بال)، قەدىمكى
پىروسچىدا «مەدۇ» (بال)، لىتاۋ تىلىدا «مەدۇس» (شاراپ)، قەدىمكى
سلاۋيانچىدىمۇ يەنە شۇ مەنىدە «مەدۇ» دىيىلەتتى.
ھۇن تىلىدا ساقلىنىپ قالغان ئۈچىنچى جىنىس ئىسمى بولسا «سىتراۋا» دەپ
ئاتالغان. جوردانىسنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ھۇنلار ئاتىللانىڭ تەزىيە
نۇتقىنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، قەبرە ئۈستىدە «سىتراۋا» دەپ ئاتىلدىغان
بىر خىل مۇراسىم ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاتىللانى دەپنە قىلغان.
«سىتراۋا» سۆزى سىلاۋيان تىلىدا «يىمەك- ئىچمەك»، «نەزىر- چىراق» دىگەن
مەنىنى بىلدۈرەتتى. ھۇنلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى بويىچە كىشى ئۆلگەندىن كېيىن،
ئۇنىڭ روھى ئۆلمەي ياشاۋېرىدۇ. بۇ روھ ھايات ئادەمگە ئوخشاش تاماق يەيدۇ،
سۇ ئىچىدۇ، ماكان تۇتۇپ ياشايدۇ، دەپ قارالغاچقا، دەپنە- مۇراسىمى
ئۆتكۈزۈلگەن ياكى نەرىز- چىراق قىلىنغان كۈنلىرى، روھ ئۈچۈن يىمەك- ئىچمەك
تەييارلاش، ئات ياكى قوي سويۇپ قان قىلىش ئادىتى بولغان. ئەرۋاھلارنىڭ
كۆڭلىنىڭ ئېچىش ئۈچۈن، ئۇلار تېخى دەپنە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن كۈنلەردە
ھەشەمەتلىك ئات بەيگىلىرى، چېلىشىش ۋە قىلىچۋازلىق قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى
ئۇيۇشتۇراتتى.
تۈركىي تىلىدا يېزىلغان «ئورخۇن- يېنىسەي مەڭگۇ تاشلىرى» دا روھ- ئەرۋاھلار
ئۈچۈن تەييارلانغان يىمەكىلكلەر «يۇغ» بىلەن تەڭداش مەنىدە كېلىدىغان
سىلاۋيان تىلىدىكى «سىتراۋا» دىگەن سۆزنى قۇبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن.
قىسقىسى، ياۋروپا ھۇنلىرى تۈركىي تىلدا سۆزلەشكەن. ئالىملار ئۇلارنىڭ
تىلىنى قەدىمكى چۇۋاش، باشقىرىت ۋە بولغارلارنىڭ تىلى بىلەن بىر خىل ئىدى،
دەپ قارايدۇ.
2.
يېزىق
پىرسكوسنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھۇن كاتىپلىرى ئۆز يېزىقىدا (ھۇن
يېزىقىدا) يازغان ھۆججەتلەرنى ئاتىللانىڭ ئالدىدا ئوقۇپ ئۆتكەنلىگى مەلۇم.
ئالىملار بۇ پاكىتقا ئاساسەن، ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ يېزىقى بولغان، دىگەن
قاراشنى ئوتتۇرغا قويدى. لېكىن، ئالىملار ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ قايسى
يېزىقلىرى ئىشلەتكەنلىگى توغرلۇق بىرەر كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويمىغان
بولىسمۇ، بىز تارىخي مەنبەلەر ۋە ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلارغا ئاساسلىنىپ
تۇرۇپ، ياۋروپا ھۇنلىرى «ئورخۇن- يېنىسەي يېزىقى» نى ئىشلەتكەن، دەپ
قارايمىز.
«ئورخۇن –يېنسەي يېزىقى» نىڭ سىرى ئېچىلغان 1893- يىلىدىن بۇيان،
تۇركشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان غەرب ۋە شەرقلىق نۇرغۇن ئالىم ۋە
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە، كۆك تۈركلەر دەۋرىدە (مىلادىيە 6 -8-
ئەسىرلەر) تۇرغۇزۇلغان ھەم بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا «تاش كىتاپلار» ۋە
«ئورخۇن- يېنسەي مەڭگۇ تاشلىرى» دەل «ئورخۇن- يېنسەي يېزىقى» دا يېزىلغان
ئەڭ دەسلەپكى خاتىرە دەپ قارىلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن، تۈركىي تىل 1400
يىللىق تارىخقا ئىگە، دىگەن قارا ئىلىم ساھەسىدە ئومۇملىشىپ قالغان.
تىلشۇناسلارمۇ «ئورخۇن- يېنسەي يېزىقى» مىلادىيە 500 يىللىرى ئوتتۇرغا
چىققان، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنىپ، 3500 يىلدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن بولىدۇ.
لېكىن، كېيىنكى يىللاردا ئاسىيادا ئېلىپ بېرىلغان مۇھىم ئارخېئولوگيىلىك
تەكشۈرۈشلەردە، «ئورخۇن- يېنسەي يېزىقى» دا يېزىلغان مىلادىيىدىن بۇرۇنقى
دەۋرىلەرگە مەنسۇپ بەزى ئۆرنەكلەر ئوتتۇرغا چىقتى.
1970 - يىلى رۇس ئارخېئولوگلىرى ئىسسىق كۆل ئەتراپىدىكى ئېسىك قورغىنىنى
قازغاندا، ئالتۇن ۋە كۆمۈشتىن ئىشلەنگەن 4000 دىن ئارتۇق بۇيۇم تېپىلغان.
بۇ قورغاندىن يەنە 18 ياشلار چامىسىدىكى بىر ياش يىگىتنىڭ جەسسىتى
قېزىۋېلىنغان. جەسسەتنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن كىيىم كىيدۈرۈلگەچكە،
ئارخېئولوگلار ئۇنى «ئالتۇن كىيىملىك شاھزادە» دەپ ئاتىدى. ئەمما،
قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى تارىخ، ئارخېئولوگىيە ۋە ئېتنوگرافىيە
ئىنىستىتۇتى مۇتەخەسىسلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقىنى، قورغاندىن تېپىلغان بىر
كۆمۈش تاۋاق ئىدى. بۇ كۆمۈش تاۋاقنىڭ ئۈستىگە «ئورخۇن- يېنسەي يېزىقى» دا
ئىككى قۇر خەت ئۇيۇلغان. قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى ئاتاغلىق
تۈركولۇگ مۇسابايىۋ تاۋاقنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان خەتنى ئوقۇپ چىققاندىن
كېيىن، بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ مازار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 7- 5- ئەسىرلەرگە
مەنسۇپ بولۇپ، بۇ يەردە تېپىلغان نەرسىلەر ‹يەتتە سۇ› دەپ ئاتالغان جايدا
ياشىغان ۋە تۈركچە سۆزلىشىدىغان كىشلەرنىڭ ئىدى»، دەپ كۆرسەتكەن.
كۆمۈش تاۋاقنىڭ ئۈستىگە: «ۋەقەنىڭ بايرىقىنى شەرەپ بىلەن ئىگىز كۆتۈرگىن،
قوماندالار، ئۇچقۇر ئاتلار، قورقماس جاسارەتلىك يىگىتلەر ساڭا شان- شەرەپ
كەلتۈرىدۇ سەن يۇقىرى ئۆرلىگەنسېرى ئۆز بەختىڭنى ئۆز قولۇڭ بىلنە ياراتقىن،
سالامەت بول» دىگەن خەت يېزىلغان. ⑦ مانا بۇ «ئورخۇن يېنىسەي يېزىقى» دا
يېزىلغان ئەڭ دەسلەپكى خاتىرە ھىسابلىنىدۇ. بۇنى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر
پارچە ئەدەبىي ئەسەر دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ سۆزلىرى ئىخچام،
ئوبرازلىق ۋە بەئىيلىكى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن كىشىنىڭ
ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغايدۇ. بۇ خاتىرىنىڭ ئوقۇپ چىقىلىشى «ئورخۇن -
يېنسەر يېزىقى» نىڭ تارىخىنى 800 يىلدىن 1000 يىللار ئالدىغا سۈردى.
مىلاديىدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇن ئالتاينى ئوخشىمىغان تىللارغا مەنسۇپ ھەر
قايسى ئولتۇراق ۋە كۆچمەن مىللەتلەرنى قەدىمكى رىم تارىخچىلىرى «سىكىت» دەپ
ئاتىغان. ئىراندىكى ناخشىچى رۇستەمدىكى مىخ يېزىقلىق تاش ئابىدىدە ئۇلار
«ساكا» دەپ ئاتالغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۈچ چوڭ تارماققا بۆلۈندىغانلىقى
كۆرسىتىلگەن. ئارىستوۋ،ئىدۋارىد مېيىر ۋە ئا. زەكى ۋەلىدى ، توغان
قاتارلىقلار، ساكلارنىڭ ئۈچ گۇرۇپپىسى ئىچىدىكى «تىگرا خائۇدا ساكلىرى» دەپ
ئاتالغانلارنى تۈركىي نەسىلىك خەلق دەپ قارايدۇ. مانا شۇ تىگراخائۇدا
ساكلىرى بۈگۈنكى قازاقىستران، قىرغىزىستان، تەڭرىتاغلىرى بويلىرى، پامىر ۋە
ئالاي تاغلىرى، جۈملىدىن يەتتە سۇ ئەتىراپلىرىدا ياشىغان. ئېسىك قوزغىلىڭى
مانا شۇ تىگراخائۇدا ساكلىرىنىڭ مىراسلىرى ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكى
رىملىقلارنىڭ ئۇلارنىڭ يېزىقىنى بىلىدىغانلىقى مەلۇم.
مىلادىيە 568- يىلى كۆك تۈركلەرنىڭ قاغانى ئىستەمى شەرق رىم ئىمپېراتورى
كونىستانتىن
Ⅱ
گە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇىڭ بىلەن ئىراندكى ساسانىيلارغا قارىشى ئىتتىپاق
تۈزگەن. تۈرك ئەلچىلىرىنىڭ قولىدا رىم پىمپېراتورىغا يېزىلغان مەكتۇپ بار
ئىدى. رىملىقلار مەكتۇپتىكى يېزىق ئەسلىدە «ئورخۇن- يېنسەي يېزىقى» دەپ
ئاتىغان. بۇ مەكتۇپتىكى يېزىق ئەسلىدە «ئورخۇن- يېنسەي يېزىقى» ئىدى.⑧
ھۇنلارغا دائىر بەزى ئەسەرلەردە ئوتتۇرغا قويۇلغىنىدەك، ئاسىيا ھۇنلىرى
«ئورخۇن- يېنسەي يېزىقى» نى ئىشلەتكەنىدى. بىز ھۇنلھر ئاسىيادىن ياۋروپاغا
كۆچۈپ بارغاندا «ئورخۇن- يېنسەي يېزىقى» نى ياۋروپاغا بىللە ئېلىپ بارغان،
دەپ قارايمىز. بۈگۈنكى ياۋروپا ھۇن ئىمپېرىيىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن،
ھۇنلار ئون ئوغۇرلارنىڭ ئىچىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. ئون ئوغۇر- ھۇنوغۇلار
تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئون ئوغۇر خانلىغى، بۈيۈك ئون ئوغۇر بولغار خانلىغى،
دۇناي بولغار خانلىغى، ئىتىل بولغار خانلىغى ۋە ھۇنگىر دۆلىتىدە مىلادىيە
16- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا قەدەر،« «ئورخۇن- يېنسەي يېزىقى» ۋە بۇ
يېزىقىنىڭ بىر ئاز ئۆزگەرتىلگەن شەكلى بولغان ھۇنگىر ئويما يېزىقى
ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن. ئالزىم: «ئاتىللا ۋە ھۇنلار» دىگەن ئەسىردە بۇ
يېزىقنى «ھۇنلار ئىشلەتكەن يېزىقنىڭ داۋامى» دەپ قارىغان. مانا بۇ پاكىتلار
ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ «ئورخۇن- يېنسەي يېزىقى»نى ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ
بېرىدۇ. «رىم تارىخى» دا شېئىر، ناخشىلىرى ھۇن يېزىقىدا يېزىلغانىدى. ئەينى
ۋاقىتتا رىملىقلار ئىچىدە ھۇن يېزىقىنى بىلىدىغانلار بولغان، ھۇنلار
ئىچىدىمۇ لاتىن يېزىقىنى بىلىدىغانلار بولغان.
3.
ئەدەبىيات
ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ تارىخىغا دائىر مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ھۇنلارنىڭ
ئەدەبىياتىدا داستان، مەرسىيە ۋە سەھنە ئەسەرلىرى بويىچە نۇرغۇنلىغان ئېسىل
ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئاتىللانىڭ يېنىدا نۇرغۇنلىغان
ئوردا شائىرلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئاتىللاغا ئۇنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە ئۇتۇق-
غەلبلىرى ھەققىدە يازغان داستانلىرىنى ئوقۇپ بېرەتتى. ھۇن شائىرلىرىنىڭ
ھۇنلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، ياۋروپاغا كۆچۈشى ۋە ھۇن قەھرمانلىرىنىڭ ئىش-
ئىزلىرى توغرىسىدىكى داستانلىرىنى ئاتىللا ناھايتىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايتى.
پىرسكوسنىڭ ئەسىرىدە بۇ توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «كەچ بولغاندا
مەشئەللەر يېقىلدى. ئىككى ھۇن شائىرى ئوردىغا كىرىپ ئاتىللانىڭ ئۇدۇلىدا
تۇردى. ئۇلار ئۆزلىرىگە تەييارلىغان داستانلىرى ئارقىلىق، ئاتىللانىڭ
جەڭگىۋارلىقىلىرىنى ۋە زەپەرلىرىنى كۈيلىدى. زىياپەتكە قاتناشقۇچىلار
ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى داستاندىن لەززەت ئالسا،بەزىلىرى
ئۇرۇشلارنى ئەسلەپ خىيالغا چۆمگەنىدى». ⑨ ئەمما، شۇ دەۋرىدە يېزىلغان بۇ
داستانلار بىزنىڭ دەۋرىمىزگە قەدەر يېتىپ كېلەلمىگەچكە، ئۇنىڭ تۈركىي
تىللىق مىللەتلىرىنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئورنى توغرىسىدا بىر نىمە
دىيەلمەيمىز.
لاتىن تارىخچىسى جوردانىسنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئاتىللا ئالەمدىن
ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ماتەم مۇراسىمىدا ھۇن شائىرلىرى ئۇنىڭغا قاراپ
قايغۇلۇق مەرسىيە ئوقۇغان. قەدىمدە بىر مىللەتنىڭ خانى، بېگى ياكى قەھرمانى
ئالەمدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە بېغىشلاپ قايغۇلۇق شېئىرلار يېزىلاتتى.
بۇ مەرسىيە دەپ ئاتىلاتتى. مەرسىيە كۆپىنچە ئاھاڭدار ۋە مۇڭلۇق سۆزلەر
بىلەن يېزىلاتتى. جوردانىس ھۇن شائىرلىرى يازغان مەرسىيەنىڭ مەزمۇنى مۇنداق
يىغىنچاقلىغان: «ھۇنلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك خانى، مۇنجۇقنىڭ ئوغلى، ئەڭ جەسۇر
مىللەتنىڭ ھۆكۈمدارى ئاتىللا ئۆزىدىن بۇرۇن ھىچكىمدە كۆرۈلۈپ باقمىغان كۈچ-
قۇۋۋەتكە ئىگە ئىدى. ئۇ ئۆز ئالدىغا پۈتۈن سىلكىتيە ۋە گېرمان دۆلەتلىرىنى
بويسۇندۇردى. بىر قانچە يۈز شەھەرنى ئىگىلىدى. ھەر ئىككى رىم ئىمپېرىيىسىنى
قاتتىق قورقىتىپ، ئۆزىگە باج تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. مانا بۇ غەلبىلەرنىڭ
ھەممىسى بەخت- تەلەتنىڭ ئالاھىدە ئىلتىپاتى ئىدى. ئاتىللا دۈشمەننىڭ
زەربىسى ياكى ئۆز ئادەملىرىنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى توي كېچىسدە،
گىگانت مىللىتىنىڭ ئىچىدە ھىچقانداق ئاغرىق ئازابىغا گىرىپتار بولماستىن،
ئالەمدىن ئۆتتى. ھەممە ئادەم قايغۇغا چۆمگەن بۇ ئۆلۈمنى ، كىممۇ ئۆلۈم
ھېسابلىسۇن»⑩ بۇ پارچىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھۇن شائىرلىرى تەرىپىدىن
يېزىلغان مەرسىيەلەر ئاھاڭدار ۋە مۇڭلۇق بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ۋەزىنىمۇ
سالماق ئىدى. بۇ ھۇن شائىرلىرىنىڭ بەدئىي ماھارىتى ۋە ئىپادىلەش سەنئىتىنىڭ
خېلىلا يۇقىرى سەۋىيىدە ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ھۇن تارىخىغا دائىر مەنبەلەردە يەنە ياۋروپا ھۇنلىرىدا تىياتىر – سەھنە
ئەسەرلىرىنىڭمۇ بارلىققا كەلگەنلىكى تىلغان ئېلىنىدۇ. 1932- يىلى تۈركىيەدە
نەشىر قىلىنغان «تارىخ» دىگەن كىتاپتا: ھۇنلار غەرپكە كۆچۈپ بارغاندىن
كېيىن، ئۇلاردا ئەدەبىيات ناھايتى تەرەققىي قىلدى. بولۇپمۇ، تىياتىر
ئەدەبىياتى ناھايتى ئالغا باسقانىدى. نۇرغۇن سەھنە ئەسەرلىرى ۋە
سەنئەتكارلار بارلىققا كەلگەن»⑾
دەپ يېزىلغان. مانا بۇ تەرەپلەر ياۋروپا ھۇنلىرىدا ئەدەبىياتنىڭ يۇقىرى
سەۋىيەدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
4.
ناخشا – مۇزىكا
ياۋرۇپا ھۇنلىرىنىڭ ھاياتىدا ناخشا- مۇزىكا ناھايتى مۇھىم ئورۇن تۇتقان ۋە
ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان.
قەدىمكى خەنزۇچە مەنبەلەردە، ئاسىيا ھۇنلىرىدا 28 خىل خەلق ناخشا-
مۇزكىسىنىڭ بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
سىماچىيەندىن باشلاپ خەنزۇ تارىخچىلىرى ئاسىيا ھۇنلىرىنىڭ چالغۇ
ئەسۋاپلىرىدىن قۇبۇز، بىلى، پىپا، ۋە قۇسى قاتارلىقلارنىڭ ئىسمىنى خاتىرلەپ
قالدۇرغان. بۇ چالغۇلار تارىلىق، پۈلەپ چېلىنىدىغان ۋە ئۇرغۇلۇق چالغۇلار
ئىدى. ھۇنلاردا يەنە ھەربىي مۇزىكا چالغۇلىرىمۇ بولغان. قەدىمكى تۈركىي
تىللىق خەلقلەر ناخشا ياكى نوتىنى «ئىر- بىر» دەپ ئاتىسا، مۇزىكا
مىلودىيىسىنى «كۆگ-كۈگ» دەپ ئاتىغان.
ھۇنلار ياۋرۇپاغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ناخشا- مۇزىكىلىرى دوناي
دەرياسى بويلىرىدا ياڭرىغان. ھۇنلارنىڭ تۇرمۇشىدا ناخشا- مۇزىكا مۇھىم
ئورۇنغا قويۇلغاچقا، چوڭ- كىچىك مۇراسىملاردا، زىياپەتلەردە مەخسۇس مۇزىكا
ئورۇندىلاتتى. ئەلچىلىرىنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەرگەندە، ھۇن
مۇزىكانتلىرىنىڭ تەڭكەش قىلىشىدا، ھۇن خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئورۇندالغانلىقىنى
يازغان. ھۇنلارنىڭ ھەربىي مۇزىكىلىرىدا دۇمباق، بۇرغا ئىشلىتىلگەن. ئاتىللا
ھەر قېتىم ھەربىي يۈرۈشتىن قايتىپ پايتەختكە كىرگەن چاغدا، يولنىڭ ئىككى
تەرىپىدە چىرايلىق كىيىنىپ قاتار تۇرغان ھۇن قىزلىرى ئاتىللانى ناخشا
ئېيتىپ قارىشى ئالاتتى. ئاتىللانىڭ يەنە بۈرگۈند پادىشاھلىقىغا بىر ھۇن
ئوركىستىرىنى ئەۋەتكەنلىكىمۇ مەلۇم.
⑿
ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ چالغۇلىرى ئىچىدە قۇبۇز ئاساسىي ئورۇندا تۇرغانلىقى
جوردانىسنىڭ ئەسىرىدىن مەلۇم. ئاتىللانىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن ھۇن
قۇبۇزچىلىرىنىڭ ئاتىللاغا بېغىشلىغان مەرسىيەلىرىنى مۇزىكىغا سېلىپ
ئوقىغانلىقى يەنە جوردانىسنىڭ ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنغان. ھۇنلاردىن
ئېتىبارەن بارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئارىسىغا كەڭ تارقالغان مۇشۇ
چالغۇ- قۇبۇز، تۈركىي تىللىق مىللەتلەر تەرىپىدىن سۇرىيە، مىسىر، بالقان
يېرىم ئارىلى، ھۇنگىرىيە، چىغ، پولشا، گېرمانىيە، رۇسىيە ۋە ئوكرائىناغا
ئېلىپ بېرىلدى، ھەمدە مۇشۇ جايلاردا ياشايدىغان مىللەتلەر تەرىپىدىن
«قۇبۇز؛ ، «قۇبۇس» ، «قوبزۇ» ، «قوپۇس» دىگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ، كىشلەر
ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان چالغۇغا ئايلاندى.
⒀
ياۋروپاغا كۆچكەن ھۇنلار ۋە ئوغۇلار بۈگۈنكى ھۇنگر مىللىتىنىڭ
شەكىللىنىشىدە ئاساسلىق ئېتىنىك تەركىبلەرنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ. شۇ
سەۋەپلىك ھۇن ۋە ئوغۇرلارنىڭ ناخشا- مۇزىكىسىمۇ ھۇنگىرلارنىڭ مۇزىكا-
ئاھاڭلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم مەنبەلەردىن بىرى بولۇپ قالغان. ھازىرقى
ھۇنگر خەلق ناخشا- مۇزىكىلىرى بىلەن گەنسۇ ئۆلكىسىدە ياشايدىغان سېرىق
ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ناخشا- مۇزىكىلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك دەرىجىدىكى
ئوخشاشلىقنىڭ بارلىقى، يەنى بۇ ئىككى مىللەتنىڭ مۇزىكىلىرىدا بەش تاۋۇشلۇق
ئاۋاز باسقۇچى سىستېمىسىنىڭ قوللىنىشى بۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
5.
توتېىم ئېتىقدادى ۋە كۆك تەڭرى دىنى
توتىم قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ نەزىرىدە مەلۇم بىر ھايۋان، ئۆسۈملۈك ياكى
باشقا نەرسىلەرنى ئۆز ئۇرۇقى ياكى قەبىلىسى بىلەن قانداش مۇناسىۋەتكە ئىگە
دەپ قاراپ، ئۇلارنى ئەجداد ھېسابلاپ چوقۇنىدىغان بىر خىل ئىپتىدائىي دىندىن
ئىبارەت. لېكىن، بۇ خىل ئېتىقداد بەلگىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا
ياشىغان مىللەتلەرنىڭ ئېدئولوگىيە تارىخىداد ناھايتى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە
ئۆز تەسىرىنى ساقلاپ كەلدى. پۈتكۈل تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ توتېم
ئېتىقاتىدا كۆك بۆرە بىلەن ئاق بۇغا ئېتىقادى ئاساسىي ئۇرۇندا تۇرىدۇ.
جۈمىلدىن ھۇنلاردىمۇ بۇ خىل ئېتىقاد بەلگىسى بولغان. ياۋروپا ھۇنلىرى
مەنبەلىرىدە «شىمال بۆرىلىرى»⒁
دەپ ئاتالغان. ھۇنلار ياۋروپاغا كۆچكەندە بۇلارنىڭ ئالىدىدا بىر بۇغىنىڭ
يول باشلاپ ماڭغانلىقى،
⒂ھۇنلارنىڭ
مائوتىس دەرياسىنى بىر بۇغىنىڭ ياردىمىدە كېسىپ ئۆتكەنلىكى ھەمدە مۇشۇ
پەۋقۇلئادە ئىشتىن كېيىن، ھۇنلارنىڭ ياۋروپادا ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكى
سۆزلىنىدۇ.
⒃19-ئەسىردە
ياشىغان ھۇنگىر شائىرى ژ.ئارانىينىڭ 1864-يىلى يازغان «بۇدانىڭ ئۆلۈمى»
ناملىق 12 قىسىملىق ئىپوسىدا، ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى
ھەققىدىكى «مۆجىزىلىك بۇغا» رىۋايىتى داستانلاشتۇرۇلغان. بۇ داستاندا
مۇنداق بايان قىلىندۇ:
مىنروت بىلەن ساھىپجامال ئىنىفنىڭ ئوغۇللىرى ھۇنۇر بىلەن ماجار بىر كۈنى 50
كە يېقىن يىگىت بىلەن ئوۋغا چىقىدۇ. ئوۋدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىر بۇغا
ئۇچرايدۇ. ئوۋچىلار بۇغنىڭ كەينىدىن ھەر قانچە قوغلاپ باققان بولسىمۇ،
بۇغىنى زادىلا تۇتالمايدۇ. ئاخىرى بۇغا ئوۋچىلارنى دۇن دەرياسى ۋە ئازاق
دېڭىزى تەرەپكە ئەگەشتۈرۈپ كېلىپ، توساتتىن غايىپ بولىدۇ. ھۇنۇر بىلەن
ماجار ئوت-چۆپلىرى بۇلۇق ئۆسكەن، سۈيى ئەلۋەك ھەم ئوۋ ھايۋانلىرىغا باي بۇ
جايدا تۇرۇپ قالماقچى بولىدۇ. بىر كۈنى كېچىدە ئۇلار مۇڭلۇق بىر مۇزىكا
ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە مۇزىكا چىققان تەرەپكە بارىدۇ. ئۇلار
بۇ يەردە پادىشاھ دولنىڭ دوستلىرى بىلەن سەيلە قىلىپ يۈرگەن ئىككى قىزى ۋە
پادىشاھ بىلارىنىڭ ئون ئىككى قىزىنى ئۇچرىتىدۇ. ھۇنۇر بىلەن ماجار پادىشاھ
دولنىڭ ئىككى قىزىغا ئۆيلىنىدۇ. باشقا يىگىتلەر بولسا بىلارىنىڭ ئون ئىككى
قىزىغا ئۆيلىنىدۇ. ھۇنۇر بىلەن ئۇنىڭ دوستلىرى ئەۋلادىدىن ھۇن مىللىتى،
ماجار بىلەن ئۇنىڭ دوستلىرى ئەۋلادىدىن ماجار مىللىتى شەكىللىنىدۇ. بۇ
ئىككى مىللەت كۆپىيىپ پۈتۈن سىكتىيىنى ئىگىلەيدۇ.⒄
يۇقىرىدا سۆزلەنگەن مەنبە، رىۋايەت ۋە داستانلاردا ياۋروپا ھۇنلىرى بۆرە
ئەۋلادى دەپ قارىلىش بىلەن بىرگە، بۇغا ھۇنلارنىڭ رەھبىرى، يول
باشلىغۇچىسى، مۈشكۈلىنى ئاسانلاشتۇرغۇچىسى ۋە بەخىت ئاتا قىلغۇچىسى، دەپ
قارالغان. مانا بۇلار توتېم ئېتىقاتىدا بۇلۇشقا تېگىشلىك بەلگىلەر
ھېسابلىنىدۇ.
بۇ
يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، توتېم قەدىمىي ئىنسانلارنىڭ
نەزىرىدە ئۇلارنىڭ ھەمراھى، يېقىن ھامىيسى، ئەجدادى، يول باشلىغۇچىسى ۋە
ئىنساندىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە كۈچ دەپ قارالغاچقا، توتېمنى
ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنىڭغا چوقۇناتتى، ئۇنىڭدىن مەدەت تىلەيتتى، شۇڭا، قەدىمكى
ئىنسانلار توتېم ئوبرازىنى چېدىر، بايراقلىرىغا، قورال-ياراقلىرىغا،
كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ۋە ئۆز بەدىنىگە سىزىۋالاتتى. ئۇلار توتېم
ئوبرازى سېھرىي كۈچكە ئىگە دەپ قارىغاچقا، توتېمنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن
بايراق ۋە جەڭ قوراللىرىنى ئېلىپ ئۇرۇش قىلاتتى. شۇڭا، مىللەت ۋە
ھاكىميەتنىڭ سېموۋولى سۈپىتىدە دۆلەت بايرىقىغا توتېمنىڭ رەسىمىنى
چۈشۈرەتتى. ئاسىيا ھۇنلىرىغا ئائىت مەدەنيەت ئىزلىرىدىن بۇغا سۈرئىتى
چۈشۈرۈلگەن ياغاچ بايراق تېپىلغانغا ئوخشاش،
⒅ئاتتىلانىڭ
ئوتتۇرسىغا بېشىدا تاجىسى بار بۈركۈتنىڭ سۈرئىتى چۈشۈرۈلگەن ئاق رەڭلىك تۆت
چاسا يېپەك بايراق ئىشلەتكەنلىكى، قەدىمكى بىر خىرىستىئان دىنى ھۆججىتىدە
تىلغا ئېلىنغان. بۇ ھۇنلاردىكى بۈركۈت توتېم ئېتىقادىنىڭ بەلگىسى
ھېسابلىناتتى. بىر مىللەت ئوخشىمىغان توتېملارغا ئېتىقاد قىلىدىغان نۇرغۇن
ئۇرۇق-قەبىلىلەردىن تەركىب تاپىدىغان بولغاچقا، ئۇ مىللەتتە ئورتاق بولغان
توتېمدىن باشقا يەنە ئۇرۇق، قەبىلىلەرنىڭ توتېملىرىمۇ ساقلانغان بولىدۇ.
ھۇنلاردىكى ئەجدىھا، بۆرە، بۇغا، بۈركۈت ۋە ئارسىلان توتېملىرى بۇنىڭغا
مىسال بولىدۇ.
بوزقىز تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئەسلى ئېتقادى كۆك تەڭرى دىنى
ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكى دەۋىرلەردە باشقا ھېچقانداق بىر مىللەت مەدەنىيىتى
بىلەن ئالاقىسى بولمىغان بۇ ئېتقاد سىستېمىسىدا،تەڭرى ئەك ئۇلۇغ مەۋجۇدىيەت
سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ، ئۇ ياراتقۇچى،بارلىق ئىقتىدارنىڭ ئىگىسى دېيىلىدۇ.
تەڭرى ئاشۇ ئېتقاد چۈشەنچىسىدە «ساماۋىي» ماھىيەتكە ئىگە بولغاچقا، كۆپىنچە
«كۆك تەڭرى »دەپ ئاتىلاتتى. كۆك تەڭرى چۈشەنچىسىنىڭ تۇپراق بىلەن
مۇناسىۋىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوۋچى ۋە چارۋىچى مىللەتلەر
تۈركۈمىگە خاس بولغانلىقى، بۇ ئىتبار بىلەن ئۇنىڭ مەنبەسىنىڭ ئاسىيا
بوزقىرلىرىغا باغلىندىغانلىقى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماقتا.
م.يىلىئادېنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، «ئوتتۇرا ۋە شىمالىي ئاسىيا
مللەتلىرى ئۈچۈن خارەكتېرسىتىك بىر سىستېما»بولغان كۆك تەڭرى ئېتقادى
دى.گىرئۇدىنىڭ قارىشچە، «تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئېتىقاد
شەكلى» ھېسابلىنىدۇ.
⒆
د.گىرئۇدىنىڭ بۇ قارىشىنى كۈچەيتىدىغان مىساللار جۇڭگو، ئىران ۋە فىن
خەلىقلىردىمۇ ئۇچىرايدۇ.
⒇
يۇقىرىدا دەپ ئۆتۇلگىنىدەك، ھۇنلارنىڭ كۈن، ئاي، كۆك تەڭرى دىنگە ئېتىقاد
قىلغانلىقى مەلۇم. (21) كۆك تەڭرى دىنىنىڭ ئىبادەت شەكىللىرى،«تەڭرىلىك»
دەپ ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانلىرى ۋە دىنىي خادىملار قاتلىمى توغرىسىدا
تەپسىلىي مەلۇمات يوق ئاسىيا ھۇنلىرىدا تەڭرىقۇتنىڭ يەنە باش دىندار (باش
روھانى)ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلگەن بولسىمۇ، كېلىن بۇنى ئىسپاتلايدىغان ئېنىق
بىر دەلىل يوق.(22)
ھۇنلار مىلادىيە 4-ئەسىردىن كېيىن پائالىيەت ئېلىپ بارغان ياۋروپا دىيارى،
خىرىستىئان دىنىي چەمبىرىكىگە مەنسۇپ رايون ھېسابلىنىدۇ. ھۇنلار مانا
مۇشۇنداق كۈچلۈك خىرىستئان مۇھىتى ئاستىدىمۇ خىرىستئان دىنىنىڭ تەسىرىگە
ئۇچۇرمىغان. تۈركىي تىللىق مىللەتلەردە كۆك تەڭرى دىنىنىڭ ئۆلىمالىرى
«قام»دەپ ئاتىلاتتى. «قام»سۆزى ئەڭ بۇرۇن ياۋروپا ھۇنلىرىدا كۆرۇلگەن.
ياۋروپا ھۇنلىرىدا «ئاتاقام»، «ئەشقام»دېگەن ئۆلىما كىشلەر بولغان.
ھۇنلاردىن باشلاپ پاۋروپاغا كۆچۈپ بارغان تۈركىي تىللىق مىللەتلەردە، كۆك
تەڭرى دىنى بىردەك ھالدا دۆلەت دىنى قىلىنغان. پەقەت مىلادىيە، 9-ئەسىردىن
باشلاپ، دوناي بولغارلىرى ئارىسىدا مىلادىيە 11-ئەسىردىن باشلاپ ھۇنگىرلار
ئارىسىدا خىرىستىيان دىنى كۆك تەڭرى دىنىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، تۈركىي تىللىق
مىللەتلەرنىڭ خىرستىىئانلىشش دەۋرى باشلانغان.
التىنچى باب
ھۇن-تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى دۇنيا مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن
تەسىرى
1.
ھۇنلارنىڭ قەدىمكى شەرق مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى
تۈرك ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ ئالتايدىن سىرتقا قاراپ كېڭىيىش-كۆچۈش تارىخىنىڭ
باشلىنىش نۇقتىسى توغرىسىدا بىر نەرسە دېيىش قىيىن. خەنزۇچە مەنبەلەردىمۇ
پەقەت ئالتايدىن شىمالىي جوڭگۇ تەرەپكە كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەرلەردە كۆچمەن
چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن بىر بۆلۈك تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ
تۇرمۇش شەكىلى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئاز-تولا مەلۇمات بېرىشكە مۇۋاپپەق
بولالىغان. يېقىنقى بىر-ئىككى ئەسىر مابەيندە ياۋروپا تۈركولوگلىرىنىڭ
تۈرلۈك پەنلەر بويىچە ئېلىپ بارغان سېلىشتۇرما تەتقىقاتى نەتىجىسىدە شۇ
نەرسە ئايدىڭلاشتىكى، تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش شەكىلى،
ئېتىقاد-ھاكىميەت چۈشەنچىسى ۋە جۇغراپىيلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى، شۇنداقلا
سىياسىي-ھەربىي ئىشلارغا دائىر قىسمەن ھادىسىلەر ئۇلارنى كونا قۇرۇقلۇقنىڭ
(ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا قىتئەسىنى كۆرسىتىدۇ) نۇرغۇن جايلىرىغا ئېلىپ
بارغان. نەتىجىدە تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى زامان ۋە ئوتتۇرا
ئەسىر تارىخى ئۇلارنىڭ شەرقتىن غەربكە، شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ
كۆچۈش-سۈرۈلۈش خاراكتىرى بىلەن بەكرەك گەۋدىلەندى.
بۇنداق ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ تۇرغان زور لىنيەلىك كۆچۈش ھەرىكىتىدىن كېيىن،
تۈرك مەدىنيىتى چەمبىرىكى كېڭىيىپلا قالماي يەنە بىر خىل ئارلاشما مەدەنيەت
تىپى ۋۇجۇتقا كەلدى. بىز كونا قۇرۇقلۇقتىكى قەدىمىي داڭلىق مەدەنيەت
ئىزلىرىدا بوزقىر تۈرك مەدەنيەت تىپىنىڭ تەسىرىنى بايقىيالايمىز. خۇددى
ئو.مىنخىن كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، ئەڭ قەدىمكى دەۋىرىدىكى يۈكسەك مەدەنيەت
تېرىقچى مىللەتلەر ماكانلاشقان دەريا ۋادىلىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇ
جەڭگىۋار ئاتلىق مىللەتلەرنىڭ مۇداخىلىيىسىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن.①
يەنە بىر خىل تەبىر بويىچە ئېيتقاندا، بوزقىر مىللەتلىرى يەرلەشكەن تېرىقچى
مىللەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئىدارە –ھەربىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ
چىققان. ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەرىدە ناھايىتى كۆپ ئۆرنەكلىرى مەلۇم بولغان
بۇ ھادىسە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى ئەسىرلەردە دائىم ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز
بېرىپ تۇرغان②.بۈگۈنكى كۈندىكى ياۋروپالىقلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۈچۈن
ئېتقاندىمۇ ئەھۋال ئانچە پەرقلىق بولمغان. ۋ.كوپپىرىسنىڭ قارىشىچە،
ياۋروپالىقلارنىڭ تەشكىلات ۋە سىياسىيدىكى ئۇتۇقلىرى بوزقىر
خەلقلىرى-تۈركىي تىللىق مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن ئىزاھلىنىش
كېرەك. ئارلىشىش ۋە قۇشۇلۇش دەرىجىسىگە يېتىپ بارغان بۇ مۇناسىۋەتنىڭ
مىلادىيدىن بۇرۇنقى 2000-يىللاردا ئارال كۆلى ئەتىراپىدا بارلىققا
كەلگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. ③بۇ مەلۇماتلار بىزنى تۈركىي تىللىق
مىللەتلەرنىڭ ئاسىيا-ياۋروپا مىللەتلىرى مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن
تەسىرلىرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى مىلادىيدىن خېلى بۇرۇنقى دەۋىرلەردىن
ئىزدەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدى.
ھۇن-تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ قەدىمكى
ئاھالىسى سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۈچۈن ئېتنىك
تىرمىن ھېسابلانغان «تۈرك» سۆزىنىڭ تارىختا كۆرۈلۈشى ناھايىتى كېيىنكى
دەۋرىلەرگە توغرا كېلىدۇ. زوروئاستېر دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى «ئاۋېستا»دا
«تۈرك» دېگەن نام تۇنجى قېتىم ئەينەن تەلەپپۇزدا تىلغا ئېلىندى. مىلادىيە
6-ئەسىرگە كەلگەندە كۆك تۈرك ئىمپېرىيىسى بىۋاستە «تۈرك» دېگەن نامدا
ئاتالغان تۇنجى سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىدە نامايەن بولغاندىن
كېيىن، «تۈرك» دېگەن بۇ نام ئېتنىك كېلىپ چىقىش، تىل-مەدەنيەت ۋە
ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە بارلىق
تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنى ئاتايدىغان ئورتاق نامغا ئايلاندى.
«تۈرك» دېگەن نامنىڭ ئىپادە قىلدىغان مەنا-چۈشەنچىسى توغرىسىدا، مىلادىيە
515-يىلىغا ئائىت ھادىسلەرنى ئەكىس ئەتتۈردىغان پارىسچە بىر ھۆججەتتە،
«قۇدرەتلىك-كۈچلۈك ھۇن» دېگەن مەنىدە «تۈرك-ھۇن» سۆزى تىلغا ئېلىنغان.
ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىدا:
«قۇدرەت ۋە قۇۋۋەت بىلەن ھۆكۈمدار بولغان سېنىڭ ئاتاڭ» مەنىسىدىكى «بەگ
ئەردى ئاتاڭ ئېلىدە ئەرك تۈرك تۆرە» دېگەن مىسرالاردا قۇدرەت مەنىسىدىكى
ئەرككە يانداش مەنىدە «قۇۋۋەت» سۆزى ئورنىدا «تۈرك» سۆزى ئىشىلتىلگەن.
ۋەسىقلەردە ناھايىتى ئۇچۇق تىلغا ئېلىنغىنىغا قارىماي، ئالىملار پەقەت
ف.ك.مۇللېر 1911-يىلى «ئۇيغۇرىكا» ژۇرنىلىنىڭ 2-سانىدا قەدىمكى بىر
ھۆججەتكە ئاساسلانغان تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن
«تۈرك» سۆزىنى «قۇدرەتلىك، كۈچلۈك، كۈچ-قۇۋۋەت» مەنىسىدە قۇبۇل قىلىشقا
باشلىدى.
ئورال- ئالتايشۇناسلىق ئىلمىدە تىلغا ئېلىنىدىغان ئالتاي دەۋرى (؟) تىل
تارىخى تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن تۈركىي-مۇڭغۇل- تۇڭگۇس(مانجۇ) تىللىرى تىل
بىرلىكىگە ئىگە دەۋىر دەپ قارىلىۋاتقان تەخمىنىي بىر دەۋىر. «ئالتاي
تىللىرى»نىڭ بۇنداق تۇغقانچىلىقىنى قۇبۇل قىلمىغان ئالىملار بۇنداق بىر
دەۋىر بولغان ئەمەس، دەپ قارايدۇ. ئۇلار «ئالتاي تىللىرى»دا تۇغقانچىلىق
مۇناسىۋىتىنىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان تېمىلارنىڭ %95 تى
ئىشەنچىسىز ھەم ئەھمىيىتى يوق، بەلكى «ئەڭ قەدىمكى ئانا تۈركچە» دەپ
ئاتاشقا بولىدىغان بىر دەۋرىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تېخىمۇ ھەقىقىي بىر
پەرەزدۇر، دېگەننى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لېكىن، بۇ دەۋىرمۇ تارىخنىڭ قاراڭغۇ
چاغلىرىغا تەئەللىقتۇر. بۇنىڭ دەۋرە سۈپىتىدە ئېنىق بىر دەۋر بېكىتىلمىگەن
بولسىمۇ، لېكىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4000-يىلانى كۆرسەتكەنلەر بار، «ئالتاي
تىللىرى» نەزەريىسىگە قارشى چىققۇچىلاردىن ئېنگىلىز تۈركولوگى س.گ.گىلاۋسۇن
بىلەن نېمىس تۈركولوگى دىئوفىر بۇ تىللاردا سىنتاكىس، مورفولوگىيە
جەھەتلەردە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بار دېيىشنىڭ ھېچقانداق بىر ئىلمىي
ئاساسىنىڭ يوقلۇقىنى ئۆز تەتقىقات ئەسەرلىرىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەن، ئۇلار
تۈركىي تىل بىلەن مۇڭغۇل تىلىدا ئورتاق دەپ قارىلىۋاتقان سۆز
ئېلمىنىتلىرىنىڭ بىر تىلدىن يەنە بىر تىلغا ئۆتكەن ئۆتۈنمە سۆزلەر
ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككى تىل گۇرۇپپىسىدىن تۈركىي تىلىنىڭ سۆز ۋە باشقا تىل
ئېلمىنىتلىرىنى بەرگۈچى، مۇڭغۇل تىلىنىڭ ئۇنى قۇبۇل قىلغۇچى تىل ئورنىدا
تۇرغانلىقىنى ئالغا سۈرگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «ئالتاي تىللىرى»دىكى 350
كە يېقىن ئورتاق سۆزلەردىن پەقەت 18 سۆز ھەر ئۈچ تىل گۇرۇپپىسىدا مەۋجۇت.
تۈركىي تىل بىلەن مۇڭغۇل تىلىدا ئورتاق سۆز 180 گە يېتىدۇ. مۇڭغۇل تىلى
بىلەن تۇڭگۇس-مانجۇ تىلى ئوتتۇرسىدىكى ئورتاق سۆز 150 كە يېقىن. تۈركىي تىل
بىلەن تۇڭگۇس تىلى ئوتتۇرسىدىكى ئورتاق سۆز بولسا پەقەت تۆت سۆزدىن
ئىبارەت. بۇ ئۈچ گۇرۇپپا تىلدىكى ئورتاق سۆزلەر بىلەن بىر خىل
يىلتىزداشلىقنىڭ ياكى تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەھسۇلى بولماستىن، بەلكى
بۇ سۆزلەر تۈركىي تىلىدىن مۇڭغۇل تىلىغا، مۇڭغۇل تىلىدىن تۇڭگۇس تىلىغا
ناھايىتى قەدىمكى چاغلاردا كىرىپ كەلگەن بىر خىل مەدەنيەت تەسىرىنىڭ
بەلگىسىدۇر. بۇ خىل تەسىر يەنە كورىيە ۋە ياپون تىلىغىمۇ سىڭىپ كىرگەن. ④بۇ
يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇ ئۈچ گۇرۇپپا تىلدىكى ئورتاقلىق
پەقەت %5 نى ئىگىلەيدۇ. ئەمما، ھىندى-ياۋروپا تىللىرىدىكى ئورتاقلىق بولسا
%46 نى تەشكىل قىلىدۇ⑤.
تۈركىي تىللىق مىللەتلەر جۈمىلدىن ھۇنلارنىڭ يىراق ئەجدادلىرى ئەڭ قەدىمكى
ئاتلىقلار مەدەنىيىتى دەۋرىدە، خۇاڭخېنىڭ شىمالىي ۋە غەربىگە، ھىندىستان،
مىسوپاتامىيە، ئاسۇرىيە ۋە قارا دېڭىز ساھىلىغا تەسىر كۆرسەتكەن. بىز بۇنى
سىكتاي مېتال بۇيۇملىرى، ھىندىستاندىكى ئارى ئەپسانىلىرى، سۇمېر
خارابىلىرى، ماكدونىيە ئاتلىق قوشۇنلىرى ۋە گېرىك تىبابەتچىلىكىدىن
كۆرەلەيمىز. ⑥تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى مەدەنيەت
ئىزلىرىدىن سۆز ئاچقاندا، ئالدى بىلەن جۇڭگودا ھۆكۈم سۈرگەن غەربىي جۇ
سۇلالىسى (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 1077-771-يىللار)نى تۈركىي تىللىق
مىللەتلەرنىڭ قۇرغانلىقى تىلغا ئېلىندۇ. تۈركىي تىللىق مىللەتلەر شىيا
سۇلالىسى دەۋرىدىلا (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 21-16-ئەسرلەر) ئوتتۇرا
تۈزلەڭلىكتە ئۆزىنىڭ مەدەنيەت تەسىرىنى سىڭدۈرۈشكە باشلىغان. شىيا، شاڭ ۋە
غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىلا جۇڭگونىڭ شىمالىدا ياشىغان مىللەتلىرىنى
قەدىمكى خەنزۇ ئاپتورلىرى «گۈيفاڭ، «شيەنيۈن»(猃晕)
ۋە روڭ-دى(狄،戎)
دېگەن ناملاردا ئاتىغان. غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە بىر سېھىربازلىققا،
يەنە بىر دىنىي پىرىنسىپلارغا ۋەكىلىك قىلىش يولى بىلەن تۈركىي تىللىق
مىللەتلەرنىڭ «قوش خانلىق تۈزۈمى» ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن.
زامانىمىزدىكى بەزى خەنزۇ ئاپتورلىرى ئۆزىنىڭ قەدىمكى تۈرك-خەنزۇ
مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتكەن ئەسەرلىرىدە جۇ پادىشاھى تۇننىڭ
دەۋرىدىن مىراس سۈپىتىدە «ئەتى»، «قۇتا»، «ئانرۇ»، «تاي» دېگەنگە ئوخشاش
تۈركچە سۆزلەرنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى⑦. يۇقىردىكى
مەنبەلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك،تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئوتتۇرا
تۈزلەڭلىىككە يېڭى بىر خىل ھاكىمىيەت تەشكىلى بىلەن يېڭى بىر خىل دىنىي
ئەقىدىنى ئېلىپ كىرگەنىدى. جۇ سۇلالىسىدە كېيىنىكى چاغلاردا تۈركىي تىللىق
مىللەتلەردە كۆرۈلگەن بەزى ئادەتلەرنىڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغانلىقىنى
كۆرسىتىدىغان پاكىتىلار تىل پاكتىلىرىغا قارىغاندا، تېخىمۇ كۈچلۈك. جۇ
لاردىكى ئۆلۈپ كەتكەن ئەجدادلارغا چوقۇنۇش ياكى ئۇلارنى مۇقەددەس بىلىش
ئادىتى پۈتۈنلەي تۈرۈكچە ئېتىقاد بەلگىسى ھېسابلىناتتى. ئاتنى تۇنجى بولۇپ
ئېلىپ كىرگەنلەر يەنە شۇ جۇ سۇلالىسىنى قۇرغان كىشلەر بولدى. ۋ.كوپپىرىس
ئۇلارنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە يېڭى بىر خىل دۆلەت
تەشكىلاتىنى ئېلىپ كىرگەن ئاتلىق تۈركىي تىللىق خەلق سۈپىتىدە قوبۇل
قىلغان. ۋ.ئېبىرخارد جۇڭگونىڭ مىللەت، تىل ۋە مەدەنىيىتىنىڭ غەربىي
ئاسىيادىكى سۇمېرلارنىڭكىگە ئوخشاش قوۋملەرنىڭ قوشۇلۇشنىڭ مەھسۇلى
ئىكەنلىكىنى، بۇنى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن ئىشنى ئالدى بىلەن «چېگرا مىللەتلىرى
مەدەنىيىتى »نى تەتقىق قىلىشتىن باشلاشنىڭ ئەڭ توغرا يول ئىكەنلىكىنى
كۆرسەتتى.بىز سەددىچىن سېپىلىنىڭ مەيدانغا كېلىش جەريانلىرىنى، سەددىچىن
سېپىللىرىنى بويلاپ ئېلىپ بېرىلغان جەڭ-جىدەللەر، سودا ۋە دوستانە
ئالاقىلەرنى، خۇاڭخې ساھىلى مەدەنىيىتىنىڭ روناق تاپقانلىقى ۋە ئۇنىڭ
سىنكىرتىك تارىخى قاتلاملىرىنى مەنىۋى جەھەتلەردىن بولمىسۇن تاكى يېقىنقى
زامانغىچە ئىزچىل تەرىزدە خۇاڭخې ۋادىلىرنى مەركەز قىلىپ شەكىللەنگەنلىكىنى
ئاقىلانە قايتا مۇھاكىمە قىلىدىغان بولساق، يايلاق-بوستان مىللەتلىرىنىڭ،
يايلاق-بوستان يولى مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭگۇ سىنكىرتىك مەدەنىيىتىنىڭ بەرپا
بولۇشتا ئوينىغان رولىنىڭ ئادەتلىنىپ كەتكەن كونا تارىخى قاراشلاردىن زور
دەرىجىدە سالماقلىق بولغانلىقىنى بايقايمىز.ھەققەتەن جۇڭگۇنىڭ شىمالىي ۋە
غەرىبىدە ياشىغان گۈيفاڭ، دى-زەي، ھۇن، توخار، كۆك تۈرۈك،
توققۇزئوغۇز،سوغدى، قىتان، مۇڭغۇل قاتارلىق خەلقلەر ۋە ئۇلارغا قېرىنداش
قەبىلىلەر ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا قەدىمكى زامان مەدەنىيىتىنىڭ «ئات
ئۈستىدىكى ئۇچۇرچىسى» سۇپىتىدە، خۇاڭخې ۋادىسىنى ئەينى زامان مەدەنىيىتىنىڭ
يېڭىلىقلىرى بىلەن خەۋەردا قىلىپ كەلدى. بىز خۇاڭخې ۋادىسىدا شەكىلولەنگەن
مەدەنىيەت ئۇلگىلىرنىڭ يىراق- يېقىن جايلارغا تارقىلىشنى يەنىلا شىمال ۋە
غەربتىكى يايلاق –بوستان خەلقلىرنىڭ ئوينىغان ۋاستىچىلىكى ئاساسىدا
چۈشىنەلەيمىز.⑧
خۇاڭخې دەرياسىغا قوشۇلدىغان ۋېيخى دەرياسى ھاۋزىسى ئوتتۇرا ئاسىيا
مىللەتلىر ئۈچۈن بوزقىر –يايلاق كارىدورىنى تەشكىل قىلغانىدى. بۇ يەردە
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000-يىللاردا رەڭلىك ساپال بۇيۇملار مەدەنىيىتى
–ياڭشاۋ مەدەنىيىتى بارلققا كەلگەن. ۋ. ئېبىرخارد بۇ مەدەنىيەتنىڭ غەربىي
ئاسىيا مەنبەلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككى رايون ئوتتۇرسىدا تۈركىي تىللىق
خەلقلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن مەدەنىيەت ئالاقىسى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا
قويدى.
قەدىمكى خەنزۇ تىلىدا «帝»
(دى)خېتى چىغناق-تاغاق پۈتۈكتە «*»شەكىلدە پۇتۇلگەن. ئۇخۇددى دوۋلەپ قويغان
ئوتۇنغا ئوخشايتتى. قەدىمكى چاغلاردا ئوتۇن دوۋىسىگە ئوت يېقىشتىكى مەقسەت
ئاساسەن تەڭرىگە دۇئا –تىلاۋەت قىلىشتۇر ئوتۇن كۆيگەن ۋاقىتتا ئوت
ئۇچقۇنلىرى يالىلداپ ئاسمان ئىلاھىنىڭ سىھرىي كۈچى نامايان بولىدۇ. شۇڭا
خەنزۇچە «帝»
خېتىنىڭ ئەسلىى مەنىسى «ئاسمان ئىلاھى»(帝神
) دېگەنلىك بولىدۇ. شۇنىسى قىزىقكى، خەنزۇ تىلىدىكى بۇ سۆزنىڭ نېمە ئۈچۈن
«دى» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىشىنى گومۇرۇ ئەپەندى قەدىمكلى بابىلون
يىزىقىدىكى«*»خېتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىغان. جۇڭگونىڭ چىغناق-تاغاق
يېزىقى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1500-يىللاردا بارلىققا كەلگەن. ئەمما،
بابىلونلۇقلارنىڭ يېزىقى مىلادىيىدىن بۇرنقى 3000-يىللاردا بارلىققا
كەلگەن. ⑨ خەنزۇچە«رەمنامە»دىكى 12 مۆچەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئائىت باتانلار
ۋە ئاندىرسوننىڭ رەڭلىك ساپاللار توغرىسىدىكى ھۆكۈمى بويىچە، شۇنى
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بابىلونلۇقلار بىلەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە روشەن
ئالاقىسى بولغان ⑩.يەنە بىر تەرەپتىن كالىندارغا ئائىت تەتقىقاتلار بابىل
ئاسترونومىيىسىنىڭ مىلادىيدىن بۇرۇنقى 1500-يىللاردا جۇڭگوغا
تارقالغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئەلامدىكى ئانو ئىلاھى قارىشىنىڭ بۇ يولدىن
جۇڭگوغا تارقالغانلىقى ھەققىدىكى كۆزقاراشقا ئوخشاش، سۇمېر تىلىدىكى
«دىڭگېر» سۆزىنىڭ موڭغۇل تىلىدىكى «تىڭگېرى» سۆزىگە ئالماشقىنىغا ئوخشاش
«تەڭ»،«ئەرى» يەنى «ئاسمان ئىگىسى» دېگەنلىك بولىدىغانلىقى ۋە ئاسمان
مەنىسىدىكى بۇ تۈركچە «تەڭ»سۆزىنىڭ جۇلار ۋاستىسى بىلەن «تىيەن»(天)
دېگەن شەكىلدە خەنزۇلارغا تارقالغانلىقى كۈچلۈك ئېھتىمالىققا ئىگە.⑪≫
جۇڭگو سەنئىتى تەتقىقاتى بويىچە مۇتەخەسىس ك.ۋ. بىسخوپ 1937-يىلى 5-ئاينىڭ
6-كۈنى كولۇمبىيە ئونۋېرسىتىتى پىروفىسورلىرىدىن دوكتور تۇماس رىئاتقا
يازغان خېتىدە، جۇڭگونىڭ ئەڭ قەدىمكى تۆمۈر قوراللىرىنڭ ھازىرقى شەنشى
ئۆلكىسىدە بولۇپمۇ جۇ سۇلالىسى تەۋەسىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىغا ئاساسەن،
ئۇ تۆمۈر تاۋلاش تېخىنىكىسىنى بوزقىر كارىدورى –ۋىيخې دەرياسى ھاۋىزىسى
بىلەن غەربتىن كېلىپ جۇ سۇلالىسىنى قۇرغانلارنىڭ ئېلىپ كىرگەنلىكىنى
ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگۇ مەنبەلىرىدە ساقلانغان مىلادىيىدىن بۇرۇنقى ھۇن
تىلغا ئائىت سۆزلەر ئىچىدە تۆمۈر (تې-فەن) دېگەن سۆزمۇ ئۇچۇرايدۇ.⑫
ھىندىلارنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىرگە ئائىت ۋەقەلەرنى ئەكىس
ئەتتۈرىدىغان داستانلىرىدىن «ماخابىخاراتا» دىمۇ تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ
شىمال-ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەنلىكى سۆزلىنىدۇ. ۋ.رۇبىن: «تارىخى
ۋەسىقىلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تۈركىي تىللىق مىللەتلەر زېمىنىنى (ئوتتۇرا
ئاسىيا )تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسى بارلىققا كەلگەن يەر، دەپ قۇبۇل قىلىماق
زۆرۈردۇر»⑬ دەيدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادا تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا
كەلگەن ۋاقتى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى2000-يىللارنىڭ باشلىرغا توغرا
كېلىدۇ.شۇنىڭدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆرۈلۈشكە باشلىغان
تۆمۈر قوراللا دەۋرىنىڭ ۋاقتى ۋە ئورنى مۇنداق :ھىندىستاندا مىلادىيىدىن
بۇرنقى 2000-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرى، مىسىردا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى
1200-يىللىرى، ئاق دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى جايلاردا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى
1100-يىللىرى، ئوتتۇرا ياۋروپادا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 800-يىللىرىغا توغرا
كېلىدۇ.⑭
فىنلاندىيىلىك مۇڭغۇلشۇناس رامىستىيىدە خەنزۇ(شىمالىي جۇڭگودىكى) ۋە كورىيە
تىللىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە سۆزلىنىۋاتقان شىۋىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ
بېرىپ، تۈركىي تىلنىڭ قەدىمكى خەنزۇ تىلى ئۈستىدىكى تەسىرىنى ئېنىقلاپ
چىقىش بىلەن بىرگە، يەنى تۈركىي تىلىنىڭ ئەڭ قەدىمكى تەرەققىيات رايونى
شىمالىي جۇڭگو ۋە كورىيە ئەتىراپلىرى، دېگەن قاراشنى كۈچەپ تەرغىپ قىلغان.
ئۇ كورىيە تىلىدا قەدىمكى تۈركىي تىل تەركىبلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى
ساقلانغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ قەدىمكى بىر تۈرك تىلى شېۋىسىدىن
تۆرەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن، بۇ ئالىم ئوزىنىڭ مەنقۇلاتلىرىدىن
ناھايىتى ئاز بىر قىسىمىنى «تۈرك تىلىنىڭ مەنبەسى»دېگەن تېمىدا، 1935-يىلى
فىنلاندىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئىلىمى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇپ
ئوتكەندىن باشقا نەشىرىياتلاردا بۇ ھەقتە ئەسەر ئېلان قىلالمىغان. ئا.زەكى
ۋەلىدى توغان 1937-يىلى رامىستىيىد بىلەن كۆرۈشكەندە،تۈركىي تىلىنىڭ
سىنو-كورىيە (خەنزۇ – كورىيە) تىلىرى ئۇستىدىكى تەسىرى توغۇرلۇق نۇرغۇن تىل
پاكىتلىرىغا ئېرىشكەن. تۆۋەندە رامىستىيىد تەمىنلىگەن پاكىتلار ئاساسىدا
مىسال كۆرسىتىپ ئۆتىمىز. قەدىمكى ۋە بۈگۈنكى «ساز تۈركچىسى» دىكى «ئېغىز»
(ئاغىز)، «باشماق»، «ئىش» ۋە «ئاش»دېگەن سۆزلەر سىنو-كورىيە تىللىرىدا
قەدىمكى «لىرتۈركچىسى »بىلەن بىر خىل ھالدا «ئاغۇرى»، «بالماق»، « ئىل» ۋە
«ئال»دېگەن شەكىللەردە ئەسلى مەنىسىدە ساقلانغان. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى
يېزا ئاقساقالى مەنىسىدىكى «چوپان»(چوبان) سۆزى سىنو- كورىيە تىلىدا
«مىنىستىرنىڭ باش كاتىپى»(سىكىرتار) دېگەن مەنىنى ئىپادە قىلىدۇ. يېرىم
مەنىسىدىكى «پۇچۇق» سۆزى كورىيە تىلىدا «پچوق»شەكىلىدە ئاتىلىدۇ.دۆلەت
تەشكىلاتىغا ئائىت ئاتالغۇلاردىن «قاغان»، «قان»(خان)، «تارخان» دېگەن
ناملارمۇ مۇشۇ تەلەپپۇزى ۋە مەنىسى بويىچە ئاتىلىدۇ. «تۇز» سۆزى سۇقۇمى
مەنىسىدە «سۇ قوم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ.⑮
ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىتە غەربىي جۇ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيى، ئۇلارنىڭ كۆك
تەڭرى دىنىي ئېتىقادىمۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنيەت چەمبىرىكى ئىچىگە سىڭىپ
كىرىپ، خەنزۇلارنىڭ دىنىي ئېتقادى، ئىدېئولوگىيسى ۋە ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىدە
ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسەتتى. بولۇپمۇ بۇ دىننىڭ تەڭرى، تۆرە، قۇت، دۆلەت ۋە
قاغان چۈشەنچىلىرى كۇڭزىچىلىق ئىدىيىسىگە بەكمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى
⒃.ئوتتۇرا
تۈزلەڭلىكتە شاڭ سۇلالىسى دەۋىرىدىلا بىر قېتىملىق مەدىنىيەت ئۆزگۈرۈش
ھادىسى كۆرۈلۈپ ، يەر-بەركەت تەڭىرىسىنىڭ يېنىدا كۆك تەڭرى دىنى ئۆز
تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان. جۇڭگۇ تارىخىنىڭ ھەقىقىي باشلىنىش نوقتىسى
بولغان جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە، غەربىي شىمالنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچىيىپ
بارغان. جۇلار كۈن، ئاي، يۇلتۇز ئېتقادىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆك تەڭرى
دىنىغا ئېتقاد قىلغان. پايتەخىت لوياڭمۇ بۇ دىنىڭ تەسىرى بىلەن پۈتۈن
دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ ھېسابلانغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خەنزۇ پادىشاھلىرى
ئۆزىنى «كۆكنىڭ ئوغلى» ياكى «تەڭرىقۇت» دېگەن مەنىدە «天子»
دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن⒄.
تۈركىي تىللىق مىللەتلەردىكى تەڭرىنىڭ قۇت بېغىشلىشى بىلەن دۇنيانى ئىدارە
قىلىش ھوقۇقىغا تايانغان ئالەمشۇمۇل (ئۇنۋىرسال) ھوكۇمرانلىق چۈشەنچىسى
جۇلاردا كۆك تەڭرى دىنىنىڭ كۈچەيگەن دەۋرىدىن ئېتىبارەن تېخىمۇ تەرەققى
قىلىپ، جۇڭگۇدا «كۆكتە بىر تەڭرى، يەردە بىر پادىشاھ »دەيدىغان چۈشەنچە
بارلىققا كەلگەن . نەتىجىدە پۈتكۈل دۇنيا جۇڭگو پادىشاھىغا تەۋە رايون دەپ
ھېسابلانغان. كۆك تەڭرى دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېتقادلارنىڭ تەرەققىياتى
شىمالىي جوڭگونى ناھايتى بۇرۇنلا بىر تەڭرىلىك چۈشەنچىگە، تېخىمۇ توغرىسى
بىر مۇققەددەس ئېتىقادقا ئېلىپ كىرگەن.بۇ خىل ئېتىقاد چۈشەنچىسى ئاساسىدا
ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىمۇ «يەر، كۆك ۋە ئىنسان»دىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىن
بارلىققا كەلگەن بىر خىل كائىنات دۆلەت چۈشەنچىسى ئۇمۇملىشىشقا باشلىغان.
ئەسلى كۆپ تەڭرىلىك ئېتقاد ئومۇملاشقان جۇڭگودا تەڭرىلەرنىڭ ئەڭ چوڭى
بولغان دى (帝)
زىرائەت –تۇپىراق تەڭىرسى ھېسابلىناتتى. تۇپراق ئانا تەڭرى سۈپىتىدە
تەسەۋۋۇر قىلىناتتى. كېيىن كۆك تەڭرى دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن دى ئىنسانلارنىڭ
ئاتا تەڭرىسىگە ئايلاندى. قىسقىسى، ئۇ فرانكىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا،
ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ھاكىميەت چۈشەنچىسىنىڭ كۆك تەڭرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
ئىكەنلىكى ئەسلى بۇ يەرنىڭ سىياسي-ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىدە مەۋجۇد ئەمەس
ئىدى. بۇ شىمالدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىنغان.
تۈرۈك تارىخى مەنبەلەر ۋە ئارخېئولوگىيىلىك قىزىلمىلارغا ئاساسلانغاندا،
ئات مەدەنىيىتى ھۇن-تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت
سېستىمىسىدا ئالاھىدە بىر مەدەنىيەت تىپىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ مەدەنىيەت
يەنە ھىندى-ياۋروپا مىللەتلىرى، فىن- ئوغۇرلار ۋە مۇڭغۇللارنىڭ مەدەنىيەت
تارىخىدىمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە. ئات مەدەنىيىتى بىر خىل مەدەنىيەت
چەمبىرىكى سۈپىتىدە نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا
چېتىلغاچقا،ئۇزاقتىن بۇيان بۇ تېما خەلىقئارا ئىلىم ساھەسىدە جىددى تەتقىق
قىلىنغان مەسىلەرنىڭ بىر بولۇپ كەلدى.
ئاتنىڭ ئەڭ دەسىلەپ ئوتتۇرا ئاسىيادا قولغا ئۆگىتىلگەنلىكى ھازىر ھەممە
كىشى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بىر ھەقىقەتكە ئايلىنىپ قالدى.
⒅ۋ.سىمىت،
ئۇ.مىنخېن، ۋ.كوپپىرىس،
ف.فىلور ۋە ب.ئۆگەل قاتارلىقلار ئاتنىڭ تۈركىي تىللىق مىللەتلەر
تەرپىدىن قولغا ئۆگىتىلگەنلىكىنى كۈچلۈك پاكىتلار بىلەن دەلىللەيدۇ.
ئارخېئولوگىيلىك تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە بايقالغان قەدىمكى مەدەنىيەت
ئىزلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئات سۇڭەكلىرى ئۇچرايدۇ. تۈركمەنىستاندىكى ئاشخاباتتا
تېپىلغان ئانائو مەدەنىيىتىنىڭ ھەر قايسى ئىزلىرىدا ئات سۇڭەكلىرى
بايقالدى. دېمەك، ئات بۇ مەدەنيەتتە ناھايتى مۇھىم رول ئوينىغان،
ئارخىئولوگىيە ساھەسىدە بۇ مەدەنىيەتنىڭ يىل دەۋرى توغرىسىدا بىر قاراشتا
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4500-يىللاردا باشلانغان دېيىلسە، يەنە بىر خىل
قاراشتا تەخمىنى، پەرەز بويىچە، بۇنىڭدىن 9000 يىللار بۇرۇن باشلانغان،
دېيىلمەكتە.⒆ئانائو
مەدىنىيىتىنى ياراتقان ئنسانلارنىڭ ئېتىنىك تەۋەلىك مەسىلىسىدە، ئۇلار
تۈركىي تىللىق خەلق
⒇ياكى
ئالتاي مىللەتلىرىنىڭ ئەجدادلىرى(21)دەپ قارالماقتا. چۈنكى، بۇ مەدەنىيەت
ئىزلىرىدا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنى پىروتو تىپى ھېسابلانغان بىراكسفال
باش سۆڭىكى تېپىلغان. تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي،ھەربىي ۋە
ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئاتنىڭ ئىگىلىگەن ئورنى غەربىي ئاسىيا ۋە ھىندى
–گېرمانلارنىڭ ھاياتىدا ئاتنىڭ ئىگىلىگەن ئورنىدىن كۆپ ئۈستۈن
تۇرىدۇ.(22)ئۇ.مىنخىننىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ
كېيىنكى باسقۇچىدا ئات ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان «چارۋىچى ئۇرۇشقاقلار -
جەڭگىۋارلار مەدەنىيىتى» بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ يايلاق مەدەنىيتىنىڭ
بولۇپمۇ پىروتو تۈركلىرگە خاس مەدەنىيەت تىپىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىنى
ئىپادىلەيدۇ. (23)ھۇن-تۈركىي تىللىق خەلقلەردە ئات مۇقەددەس سانىلاتتى.
ئاتنى قۇربانلىق قلىش كۆك تەڭرى دىنىدىكى چوڭ قۇربانلىق قىلىش
مۇراسىملىرىدىن بىر ئىدى. بۇ مۇراسىم ئادىتى كېيىن خەنزۇ ۋە
ھىندى-گېرمانلارغا ئۆتكەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئاتنى مىلادىيىدىن 15ئەسىر
بۇرۇن شىمالدىكى ھۇن-تۈركىي تىللىق خەلق لەر تۇنجى قېتىم ئېلىپ كىرگەن
(24)كېيىن خەنزۇلار ئات مىنىشنى پەقەت مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 300-يىللارغا
كەلگەندە ھۇنلاردىن ئۆگەنگەن. ئەرەبىستان بىلەن شىمالىي ئافىرىقىدا ئات
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1200-يىللاردا كۆرۈلگەن. شىمالىي كاۋكاز بىلەن ئىراندا
ئات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەڭ دەسلەپكى تېپىندىلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى
900-500-يىللارغا توغرا كېلىدۇ. «تۈرك ئىنىسىكلوپىدىيسى» نىڭ 3-توم،
195-بېتىدە: «ھارۋا دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2500-يىللاردىن
ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىجاد قىلىنغان. ئات قوشۇلغان ھارۋا مىلادىيىدىن
بۇرۇنقى 2000-يىلى تۈركلەر تەرپىدىن ئىشىلتىلگەن. ئۇرۇش ھارۋىسى
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1450-يىلى ھۇن-تۈركلەردىن كەلگەن»دەپ يېزىلغان.
خەنزۇچە مەنبەلەردە شىمالدا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى
توغرىسىدا: «شىماللىقلار دىلار (狄)
دېيىلىدۇ. ئۇلار يۇڭ ۋە قۇش پەيلىرىنى كىيىم قىلىدۇ»، «شىمالىي دىلار(狄
北)
چېچىنى ئۇزۇن قويۋەتكەن، چاپىنىنىڭ پىشىنى سول يېنىدىن ئاچىدۇ»، «شىمال ئەل
ئادەملىرى بېشىغا ياغلىق چېگىدۇ، جۇۋا كېيىدۇ» دېيىلگەن. مەنبەلەردە تىلغا
ئېلىنغىنىدەك، ئۇلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ كىيىم- كېچەكلىرى
پەرقلىنەتتى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك كىشلىرى
ھۇن-تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ كېيىنىش ئادىتىنى قوبۇل قىلغانىدى. «چىن
ۋېنگۇاڭ رەختتىن كىيىم، تىرىدىن جۇۋا كېيەتتى، بېلىگە شەمشەر ئاساتتى»،
«جاۋ بېگى ۋۇلىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، پۇقرالارنى مۇنچە كىيىندۈرۈپ،
ئات مىنىش ۋە ئوقيا ئېتىشنى ئۆگەتتى»(25)دېيىلىشى بۇنىڭ مىسالىدۇر. دېمەك
ياڭ شاۋ مەدەنىيىتى دەپ ئاتالغان ۋە بۈگۈنكى جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ھەقىقىي
ئاساسىنى تەشكىل قىلغان بۇ يېڭى مەدەنىيەتتە، بۇنىڭ سىياسىي ساھەدىكى
ئىپادىسى بولغان جۇ سۇلالىسىدىكى بەلگىلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك بۇ
دەۋىردىكى جۇڭگودا ئىقتىزادىي جەھەتتە ئات يېتىشتۇرۇش، مەدەنىيەت جەھەتتە
كۆك تەڭرى دىنىي ئەقىدىسىنىڭ كۈچىيىشى، سىياسىي جەھەتتە قوش خانلىق تۈزىمى
ۋە تەرەققىي قىلغان ھەربىي خارەكتىر قاتارلىق تۈركىي مەدەنىيەت ئىلىمىنتى
كۆرۇلگەندى.(26)
مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى ئارخېئولۇگىيە ئالىملىرى ھىندىستانغا ئارىئانلار
كۆچۇپ كېلىشتىن بۇرۇن شەكىللەنگەن خاراپپا (پەنجاپتا) ۋە موخۇنجودارا
(پاكىستانىڭ سىندۇ ئۆلكىسىدە) شەھەر خارابىلىرىنى تەكشۇرگەندە بايقالغان
مەدەنىيەتنىڭ ئاۋۇسترو-ئاسىياتىك ھىندونىز قوۋمىلىرىنىڭ باشقا قوۋمىلەر
بىلەن قوشۇلىشىدىن بارلىققا كەلگەن ئارلاشقا مەدەنىيەت ئىكەنلىكى مەلۇم
بولدى. بۇنىڭغا ئالتاي قوۋمىلىرىنىڭمۇ ئارلاشقانلىقى بۇ خارابىدە تېپىلغان
ھەيكەللەر ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تىپىغا كىرىدىغان، بېشىدىكى چېچى
لىنتا بىلەن باغلانغان بىر ھەيكەلنىڭ بار ئىكەنلىكى شائادەت بولىدۇ.(27)
ھىندىستاننىڭ ئىندوس ۋە پەنجاپ ۋادىسىغا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى
1000-يىللارنىڭ دەسلىپىدە تۇنجى تۈرك كۆچ ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقى تەخمىن
قىلىنماقتا.(28) ھىندى مەنبەلىرى «ساڭا»، «تۇرۇشكا» (تۈرك) ۋە «ھۇنا» (ھۇن)
دېگەن ناملار بىلەن욳تۈركىي
قۇۋملىرىنى تىلغا ئالىدۇ.(29)욾قەدىمكى
ھىندى رىۋايەتلىرىدىن «پۇنداخىشت» تا بولسا، ئافراسياپ (ئالىپ ئەرتوڭا)
ساكلارنىڭ ھۆكۈمدارى، دەپ ناھايىتى ئېنىق سۆزلىنىدۇ. موخونجودارا
مەدەنىيىتىدە سوغا چوقۇنۇش ئېتىقادى مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. بۇ مەدەنىيەتتە
گەۋدىلەنگەن ئۆلگەن كىشىنى سۇغا دەپنە قىلىش ئارقىلىق گۇناھىنى يۇيۇش، سۇدا
ئۆلۇشنى شەرەپ دەپ بىلىش، سۇ روھلىرىغا ئىشىنىش ئەسلى تۈركلەردە ئەۋەج
ئالغان مەدەنىيەت بەلگىسى ھېسابلىناتتى.
ۋ.
رۇبىن بۇدا دىنىدا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ دەرەخنى توتېم قىلىش، ئىككىلىك
سېستىمىسى، قوش خانلى تۈزۈمى، كۆچمەن ۋە تۆمۈرچى قوۋم چۈشەنچىسى بار
ئىككەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ھىندىلارنىڭ «ماخابخاراتا» داستانىمۇ تۆمۈر
تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەنلىكى سۆزلىنىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا
ھۇنگىرىيە ئالىملىرىدىن ۋ.ۋ.خېۋسىي ھىندىستاندىكى مۇندا تىلىدا
ئورال-ئالتاي قاتلىمىنىڭ ئىزلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان.(31)
ئالىملار سۇمېرلارنىڭ زاتىنى ئالتايغا ۋە تۈركىي تىللىق مىللەتلەرگە
باغلىماقتا. (32) ئۆتكەن ئەسىرە ئېنگىلىزلاردىن سىرلاۋلىنئوس سۇمېرلار
سىكتىلەردۇر. ئۇلارنىڭ تىلى بولسا، مۇڭغۇل-مانجۇ تىللىرى بىلەن
تۇغقانچىلىقى بولغان تۇران تىل سېستىمىسىغا (ئالتاي تىلى سېستىمىسىغا)
مەنسۇپ دەپ قاراپ، سۇمېرلارغا ئائىت كېيىنكى چوڭ كەشپىياتلارغا يول ئېچىپ
بەرگەنىدى. غەربىي ئاسىيانىڭ سۇمېر، ئەلام ۋە ھۇرى قاتارلىق قەدىمكى
مەدەنىيەتلىك قوۋمىلىرىنىڭ مۇئەييەن بىر ئېتنىك گۇرۇپپىغا ۋەكىلىك
قىلماستىن، ئەينى چاغدا ھىندىستان ۋە يىراق شەرقتە بۈيۈك خانلىق ۋە
مەدەنىيەتلەرنى بەرپا قىلغان قوۋملەرگە ئوخشاش بىر-بىرىگە ئارلىشىپ كەتكەن
ئېتنىك توپ ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. سۇمېرلار بىراكسىفال (ئاق
تەنلىك)كىشلەر ئدى. ئالدىنقى ئاسىيا تارىخى ئالىمى، پىرافېسسور ھوممېل
ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئەسەرلىردىن بىرىدە، سۇمېرلارنى پۈتۈنلەي بىر تۈرىك قوۋمى
ھېسابلاپ، «تۈركىي قوۋملىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىدىن بىر بۆلىكى،
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى5000-يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئانا يۇرتىدىن
ئايرىلىپ، غەربىي ئاسىياغا كەلگەن ۋە سۇمېرلارنى تەشكىل قلىغان.
سۇمىرلارنىڭ تىلىدىن ساقلىنىپ قالغان سۆزلەر تۈركىي تىلىنىڭ ئاشۇ دەۋردە
قانداق شەكىلدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ»،دەپ يازغان. ھوممېل يەنە بىر
ئەسىرىدە سۇمېر تىلىدىكى 350سۆزىنى تۈركىي تىل بىلەن ئىزاھلاپ ،سۇممېر
تىلىدىن تۈركچە جۇملە تۈزۈپ چىققان.(33) سۇمېرلارنىڭ شەرقتىن كۆچۈپ
كەلگەنلىكى ئارخىئولوگىيە ۋە فىلولوگىيە تەتقىقاتى نەتىجىسىدىمۇ
ئىسپاتلاندى. «بۇددىزىم سەنىئىتى» دېگەن كىتابنىڭ 8-توم، 292-بېتىدە،
سۇمېرلارنىڭ مسۇپاتامىيەگە سىرتتىن كۆچۈپ كەلگەنلىكى سۆزلەنگەن. ھەقىقەتەن
قەدىمكى چاغلاردا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ بىر بولىكى ئىران ئېگىزلىكىدىن
ئۆتۇپ، مسوپاتامىيەگە بارغانلىقى كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە. ئۇلار تۇنجى
مەدەنىيەتلىك مىللەت سۇمېرلاردۇر. سۇمېرلارنىڭ تىلى سام (مىسىرلىقلارنىڭ
ئەجدادلىرى) ياكى ھىندى-ياۋروپا تىلى بولماستىن،بەلىكى تۈرۈكچىنى ئۆز
ئىچىگە ئالغان «بىرلەشمە گۇرۇپپا تىلىدۇر.» (34) سۇمېر تىلى يىپىشقاق تىل
بولۇشتەك خۇسۇسىيىتى بىلەن ئورال-ئالتاي تىللىرىدىن تۈركىي تىلى بىلەن ۋە
بەزى كاۋكاز تىل تارماقلىرى بىلەن خېلىلا ئوخشاشلىقا ئىگە. سۇمېر تىلى
جۈملە تۈزۈلىشى جەھەتتىنمۇ تۈركىي تىلغا ئالاھىدە يېقىن. سۇمېر تلىدا
كومپىلىكس جۈملە تۈزۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان زەنجىرلىمە جۈملە
شەكىلى بار. يەنى سۆز-ئىبارىلەر ئارقا-ئارقىدىن تىزىلىپ كېلىپ، ئاخىرىدا
بىر خىل گىرامماتىكىلىق قۇشۇمچە بىلەن باغلانغان ھالدا بىر پۈتۈن جۈملە
تەشكىل قىلىدۇ. تۈركچىدە ۋە سومېر تىلىدا بىرىنچى شەخىس ئۈچۈن «م»،
ئىككىنچى شەخىس ئۈچۈن «س» قوشۇمچىلىرى ئۇلىنىپ كېلىدۇ. لوغەت تۈزۈلۈشى
جەھەتتە پەقەت تۈركىي تىل بىلەن سۇمېر تىلى ئارىسىدا قانائىتلىنەرلىك بەزى
ئېتمولوگىيىلىك يېقىنلىقلارنى بايقىغىلى بولىدۇ. بۇ جەھەتتە تېخىمۇ ئېنىق
چۈشەنچىگە ئېرىشىش ئۈچۈن مەشھۇر ئالىم ھوممېل رەتلەپ چىققان 350 سۆزنى
تەتقىق قىلىش كېرەك. (35) سۇمېر تىلىدا ئىلاھ مەنىسىدىكى «دىڭگېر»سۆزى
تۈركىي تىلىدا تەڭرى دېگەنلىك بولاتتى. تۈركىي تىلدىكى «تەڭرى »سۆزىنىڭ «
دىڭگېر» دېگەن ۋارىئانتى قەدىمكى مۇڭغۇل تىلىغا قوبۇل قىلىنغانىدى. «پالتا»
(ھازىرقى پالتا سۆزى)، «ئازىق»(ئۇلۇغ) سۆزلىرى سۇمېر – تۈركىي تىللىردا
ئورتاق ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سۇمېرلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر –ھۇن-ساك ۋە
باشقا تۈركىي قوۋملىرنىڭكىگە ئوخشايدىغان دەپنە قىلىش ئادەتلىرى، ئەلام
تىلىدىكى تۈركىي تىل بىلەن ئورتاق بولغان تەركىبلەر ۋە ئۇلاردىكى ئاتىچىلىق
ئىگىلىكى، ھۇرى تىلىنىڭ تۈركىي تىل بىلەن تۇغقانچىلىق دەرىجسىنى
كۆرسىتىدىغان خۇسۇسىيەتلىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ غەربى ئاسىيادىكى تارىختىن
بۇرۇنقى ئىزلىرى ھېسابلىىنىدۇ.(36)يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى،
مىسوپوتامىيەدە مەدەن يوق ئىدى. ھالبۇكى،سۇمېر مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان
مەدەنچىلىكنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ مەدەننى كۆچمەنلەر ئېلىپ
كەلگەنىدى.(37)بۇنىڭدىن 4600 يىل ئىلگىرىگە مۆلچەرلەنگەن سۇمېر
قەبىلىلىرىدىن چىققان تاغار شەكىللىك قوپال يۇڭ كىيىم بىلەن ئالتۇن، كۆمۇش،
مىس ۋە قوغۇشۇن قاتارلىق مىتاللار، تارىخچىلار ئارىسىدا سۇمېرلار كان
قېزىلمىسى بولمىغان،ھاۋاسى ئىسسىق بۇ دىيارغا ئوتتۇرا ئاسيادىن كۆچۈپ
كەلگەن،دېگەن قاراشقا ئاساس سېلىپ قويدى.(38)بىز يۇقىرىقى مەلۇماتلارغا
ئاساسەن شۇنداق كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويالايمىزكى، ئۇيغۇرلارغا ئېتىنىك
ئاساس بولغان قەدىمكى ئالتايلىقلارنىڭ بىر بۆلىكى شۇ چاغلاردا ھازىرقى
ئالتايدىن يولغا چىقىپ، غەربىي ئاسياغا كۆچۈپ بارغان ۋە شۇ يەردىكى يەرلىك
قوۋملار بىلەن قوشۇلۇپ، سۇمېر، ھۇرى ۋە ئەلام قاتارلىق قەدىمكى مىللەتلەر
ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم ئېتنىك تەركىب ھاسىل قىلغان.
ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاپىرىدە بولغان تۈرك ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ تەسىرنىڭ شىمالىي
ئافرىقىغىمۇ يىتىپ بارغانلىقى ئىلىم ساھەسىدە خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا
قويۇلغانىدى. قەدىمكى مىسىر تارىخى بويىچە مۇتەخەسىس سىچبىستانىڭ نىل
دەرياسى ۋادىسىدا بايقىغان، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000-يىلغا ئائىت نۇماد
(چارۋىچىلىق)مەدەنىيىتى ۋە پروفېسسور سىزارماكنىڭ نوبىي تىلى بىلەن تۈركىي
تىل ئارىسىدىكى ئېنىقلاپ چىققان مۇناسىۋەت دەل تارىختىن بۇرۇنقى پالىئولىد
دەۋرىدىكى ئورال-ئالتاي كۆچمەن قوۋمىلەرنىڭ ئىستېلا ئىزلىرى ئىكەنلىكىنى
ئالغا سۈرىدۇ. ۋ. كوپپرىسمۇ ۋىنادا نەشىر قىلىنغان «ئىنسانشۇناسلىق»
مەجمۇئەسىدە ۋە باشقا ئەسەرلىرىدە بۇ قاراشنى كۈچەپ تەرغىپ قىلغان. ۋ.سېمېت
ئۇ. مىنخىن قاتارلىقلارمۇ غەربىي ئاسىيا ۋە نىل دەريا ۋادىسىدىكى قەدىمكى
بۈيۈك خانلىق ۋە مەدەنيەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن تەشكىلاتچى ۋە
ئەسكىرى قوۋمىنىڭ ئولتۇراق قوۋمىلىرىگە تېگىش قىلىپ ئارلىشىشىدىن كېيىن
مەيدانغا كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويدى.
2.
تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ياۋروپا مەدەنىيىتىگە تەسىر
كۆرسىتىشىدە ھۇنلارنىڭ رولى
تۈرك
ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ ياۋروپا مىللەتلىرى بىلەن بولغان تارىخىي ۋە ئىجىتىمائىي
ئۇچرىشىشىنىڭ باشلىنىش دەۋرى توغرىسىدىكى تارىخىي مەنبەلەرگە
ئاساسلانغاندا، مىلادىيىدىن بۇرنقى 2000-يىللاردىلا تۈركىي تىللىق
مىللەتلەر بىلەن ياۋروپا مىللەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇچرىشىش ۋە ئۆزئارا تەسىر
كۆرسىتىش مۇناسىۋىتى بولغان.
گېرمان قوۋملىرىنىڭ قەدىمكى ئەقىدە ۋە خەلقىياتىدا (فولكلورىدا)
ئورال-ئالتاي قوۋملىرى بىلەن بولغان ناھايىتى قەدىمكى چاغلاردىكى ئۇچرىشىش
ۋە مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان تەركىبلەرنىڭ بولغانلىقى
گېرمانشۇناسلاردىن ياكۇپ ۋە ۋىلھىم گىرىم تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى. يەنە
ھىندى-گېرمانلارنىڭ ئارىسىغا تارىختىن بۇرۇنقى دەۋردە كىرىپ كەلگەن
ئەترۇسېك فوۋمىنىڭ مىتولوژىسى ۋە ئۇلارنىڭ تىلىدا تۈركىي تىللىق مىللەتلەر
بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نوقتىلارنىڭ بارلىقى
ئېنىقلاندى. ئەترۇسېكلارنىڭ ئۆزىنى «راسېننا» دەپ ئاتىشىنىڭ بىزنىڭ «ئاسنا»
رىۋايىتىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئويلاپ بېقىش كېرەك. ①قەدىمكى
تۈركىي تىلىدا بۆرە «ئاسىنا»دەپ ئاتىلاتتى. ئىتنولوگىيە ئىلمىگە كۆرە، بۆرە
مونفى تۈركىي تىللق مىللەتلەرئۈچۈن تىپىك بولۇپ، باشقا مىللەتلەردە
كۆرۈلمىگەن بىر ئىتنوگرافىك بەلگە ھېسابلىنىدۇ.②
تۈركلەر ئۈچۈن تىپىك خاراكتېر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بۆرە بىلەن
مۇناسىۋەتلىك موڭغۇللار ۋە باشقا ئاسىيا قوۋملىرى ئارىسىدىكى
ئەپسانە-رىۋايەتلەر، مەسەل ۋە ھېكايىلەردىن باشقا، قەدىمكى رىمنىڭ
رېمۇس-رومۇلۇس ئەپسانىسى، ئىتالىيەنىڭ پاپا لىئو، س لوپۇس ئەپسانىسى تۈرك
تەسىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ھەقىقەتەن، پۈتكۈل، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە
ھىندىستاننىڭ مەسەل-ھېكايىلىرىدە بۆرىنىڭ تۈركىي خەلقلەردىكىگە ئوخشاش
ئىككى خىل ۋەزىپە (ئەجداد ۋە رەھبەر) دە خارەكتېرلەنگەنلىكى مەلۇم.
نەتىجىدە، «ئىت مىتولوژىسى» دىن تېخىمۇ قەدىمى بولغان «بۆرە
مىتولوژىسى»تارىختىن بۇرۇنقى چاغلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىن دۇنيانىڭ ھەر
قايسى جايلىرىغا تارقالغانلىقى ئېتىراپ قىلىندى.
ھىندى – گېرمانلار نىڭ ئېتنىك مەنبەسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغىللانغان ئا.
نىنرىڭ ۋە ۋ. كوپپرىس قاتارلىقلار ھىندى – گېرمانلارنىڭ كېيىنكى نىئولد
دەۋرىدە ئاسىيا –ياۋروپا قىتئەسى تۇتىشىدىغان جايدا ياشىغانلىقىغا
ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ھىندى-گېرمانلارنىڭ ئاتنى، ئات مەدەنىيىتىنى ۋە ئاتنى
قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرىنى ئۆزلىرىگە قوشنا ياكى قوشنىلىرىغا يېقىن جايدا
ياشىغان تۈركىي تىللىق قوۋملىرىدىن قوبۇل قىلغانلىقى ئالغا سۈرگەن. ③«تۈرك
ئىنسىكلوپېدىيىسى» نىڭ 3-توم، 195-بېتىدە: «گېرمانلار ئۆزىنىڭ قوشنىلىرى
بولغان تۈركلەردىن ھارۋا، ئات يېتىشتۈرۈشنى ۋە ئۇرۇش ھارۋىسنى قوبۇل قىلىپ،
ئۇنى ياۋروپاغا تارقاتقان» دېيىلىگەن. نىنرىڭ كۆك تەڭرى بىلەن ئۇنىڭ نامىغا
ئاتاپ ئېلىپ بېرىلىدىغان قۇربانلىق قىلىش مۇراسىمنىڭ مەنبەسى ئاسىيا بولۇپ،
ھىندى-گېرمانلارغا باشقا تەركىبلەر بىلەن بىرلىكتە ئالتاي قوۋملىرىدىن
ئۆتكەن،④ دەيدۇ. ھىندى-گېرمان تىللىرىدا تۈركىي تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغىنىدەك
كۆرۈندىغان سۆزلەرنىڭ سانىمۇ كۆپ. بولۇپمۇ، گېرمان تىلىدىكى «تارى»
(تىرىق)، «بال»(ھەسەل) دېگەنگە ئوخشاش تۈركچە سۆزلەرنىڭ؛ تارىختىن بۇرۇنقى
دەۋرىدىكى ئالاقىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كۆز قاراش ناھايىتى مۇھىم
ئورۇن تۇتىدۇ.⑤
گېرىك مەدەنيىتى سىنكىرتىك مەدەنيەتنىڭ بىرىنچى چوڭ پاۋئونى سۈپىتىدە
مىسىر، كىرت، مىسۇپاتامىيە، ھىندىستان، ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىيا ھەمدە
كىچىك ئاسىيا مەدەنىيتىنىڭ ھەر خىل دەرىجىدىكى تەسىرىگە ئۇچرىدى. ⑥قەدىمكى
غەرب ئاپتورلىرى قارا دېڭىز بويلىرىدىن تاكى ئالتايغىچە بولغان جايلاردا
ياشىغان كۆچمەن ۋە ئولتۇراق قوۋملەرنى، ئۇلارنى قايسى تىل تۈركۈمىدە
سۆزلىشىشىدىن قەتئىينەزەر، بىردەك ھالدا «سىكىت»، دەپ ئاتىغان، ئىران
مەنبەلىرىدە بۇلار «ساكا» دەپ يېزىلغان. غەرب ئاپتورلىرى تەرپىدىن «كىرال
سىكىتلىرى»⑦، ئىرانلىقلار تەرپىدىن «تىگرا خائۇدا ساكلىرى» دەپ ئاتالغانلار
ئەسلىدە تۈركىي نەسىللىك خەلق ئىدى. ⑧بەزى ئالىملار «سىكىت» دېگەن نامنى
«ساكا» دېگەن نامنىڭ كۆپلۈك قۇشۇمچىسى «ت» ھەرىپى بىلەن قوشۇلۇپ ئاتالغان
شەكىلى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. مانا شۇ تۈركىي ساكلار مىلادىيدىن
سەككىز ئەسىر بۇرۇن تەڭرىتېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا
ساك- شۇ(سۇ) ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. ساك-شۇ ئىمپېرىيىسىنىڭ غەرب تەرەپتىكى
سىياسىي تەسىرىنىڭ دوناي دەرياسى ۋادىسىغا ئۇلۇشىشى بىلەن ئۇلارنىڭ
مەدەنىيتىمۇ شەرقىي ياۋروپاغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان. گرېكلەر تاش
ئاتقۇ، ساداقدان ۋە كۆپ ئوقلۇق ئوقيا قاتارلىقلارنى مانا شۇ ساكلارنىڭ
تەسىرى بىلەن تونىغان. قارا دېڭىز ساھىلىغا كۆچۈپ بارغان ساكلارنىڭ ئوت،
ھاۋا، سۇ، توپراق توغرىسىدىكى قاراشلىرىنىڭ تەسىرىدە ھىپوگرات ۋە ئۇنىڭ
ئاتىسى «تۆت فىزىس» ئاساسىدا، ئۆزىنىڭ تىبابەتچىلىك تەلىماتىنى بېتىتقان ۋە
«ھاۋا، سۇ، تۇپراق»، «تىبابەتچىلىك ئەقلىيە»دېگەن ئەسەرلەرنى يازغان. ⑨
ھۇنلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچۈپ بېرىپ،كۈچلۈك ھۇن ئىمپېرىيسىنى بەرپاقىلىشى
ئوتتۇرا ئاسىيادا سىياسىي، ھەربىي جەھەتلەردە ئۈستۈنلۈك ھوقۇقىنى قولدىن
بېرىپ قويغان مىللەتلەرنىڭ ياۋروپاغا كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى دولقۇقىنى
شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن، ياۋروپا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئىككىنچى
پائالىيەت سورىنىغا ئايلاندى ۋە تۈركىي تىللىق مىللەتلەر مەدەنىيەت
چەمبىرىكىگە كىردى. مىلادىيە 375-يىلى بالامبەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ھۇن
ئىمپېرىيىسى ئاتتىلار دەۋرىدە ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا-مەركىزى ۋە غەربىي
قىسىملىرىغىچە كېڭەيدى. مىلادىيە 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ھۇنلارنىڭ
ئورنىنى ئىگىلىگەن ئاۋارلارمۇ ئوتتۇرا ياۋروپاغا قەدەر ئىلگىرلەپ باردى.
مىلادىيە 7-8-ئەسىرلەردە، ئاۋارلارنىڭ ئورنىنى ئوغۇر قەبىلىلىرنىڭ بولغار
ئىتتىپاقى ئىگىلىدى. مىلادىيە 7-10-ئەسىرلەردە كۈچلۈك تەشكىلاتى، گۈللەنگەن
تىجارەت پائالىيىتى، دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى
باياشاتچىلىق بىلەن كاۋكاز شىمالىدىكى تۈزلەڭلىكلەردە ئىتىل دەرياسىدىن
دىنىپىر، چولمان دەرياسىغىچە ۋە كىيىفكە قەدەر سوزۇلغان رايونلاردا سىياسىي
مۇقۇملىقىنى ياراتقان ھازار خانلىقى، شەرقىي ياۋروپا تارىخىدا ناھايىتى چوڭ
رول ئوينىغان تۈركىي خانلىقلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە.
شەرقىي ياۋروپا بوز قىرلىرى شۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىرقانچىلىغان تۈركىي تىللىق
قوۋملارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ھازارلاردىن كېيىن شەرقىي ياۋروپادا كۆرۈلگەن
پەچىنەك، ئوغۇز، قۇمان-قىپچاقلار بۇ يەردە كۈچلۈك بىر دۆلەت قۇرۇش
ئىمكانىيتىگە ئىگە بولالمىغان بولسىمۇ، لېكىن قوۋملەر تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن
بىرلەشكەن ئىتتىپاق ھالىتىدە ئۆز مەۋجۇدىيتىنى داۋاملاشتۇردى.
ھۇنلار تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئۈچۈن ياۋروپانىڭ دەرۋازىسىنى كەڭ ئېچىپ،
تۈركىي تىللىق مىللەتلەر مەدەنىيتىنىڭ ياۋروپادا سالماق تەسىر كۆرسىتىش
دەۋرىنى باشلاپ بەردى. ھۇنلارنىڭ ھەيۋەتلىك دېڭىز دولقۇنىدەك ياۋروپاغا
بېسىپ كىرىشى، ئۆز ھاكىميىتىنى كۈچەيتىش ۋە كېڭەيتىش يولىدا ئېلىپ بارغان
بىر قاتار ھەربىي يۈرۈشلىرى، ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ ئىككى قېتىملىق زور
كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا قۇشۇلۇشى
كۈچىيىپ، بۈگۈنكى ياۋروپادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك ئاساسى
شەكىللەندى.
ھۇنلارنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىگە ئارام ئېلىش پۇرسىتى
بەرمەستىن داۋاملىق ھەربىي يۈرۈش قىلىشى، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە
بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى، ياۋروپادا فىئوداللىق تۈزۈمنىڭ
تىكلىنىشى، يەنى ئىككى خىل ئىجتىمائىي پورماتىسىيەنىڭ ئورۇن ئالمىشىشىدا
ئاكتىپ رول ئوينىدى. ھۇنلارنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىگە
كەينى-كەينىدىن ھۇجۇم قىلىشى، بۇ ئىككى دۆلەتنى سىياسى ۋە ھەربىي جەھەتتىن
قاتتىق ھالسىرىتىپ قويدى. ھۇنلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە باراۋەر ئۆتۈش
ئىمكانىيتىنى قولدىن بېرىپ قويغان رىملىقللار، پەقەت ھۇنلارغا ھەر يىلى
ناھايىتى يۇقىرى ئۆسۈمدە باج تۆلەش ئارقىلىق،ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قارام
ھالەتتە ساقلاشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلار مالىيە جەھەتتە قاتىق چىقىمغا
ئۇچراپ، دۆلەت غەزىنىسى قۇرۇغدۇلىپ، سىياسىي ھەم ھەربىي جەھەتتىكىگە ئوخشاش
ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ ئېغىر كىرزىس ئىچىدە قالدى.
رىم ئىمپېرىيىسى ئۆزىنىڭ مالىيە جەھەتتىكى چىقىمىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قارام
خەلقلەر ئۈستىدىكى زۇلۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەچكە ، ھەر قايسى جايلاردا
ھۆكۇمەتكە قارشى قوزغىلاڭلار ئارقا-ئارقىدىن پارتلاپ، رىم ئىمپېرىيسىنى
زاۋاللىققا يۇزلەندۇردى. ئاتتىلا بۇ قوزغىلاڭلارنى ئاكتىپ قولاپ، ماددىي ۋە
مەنىۋىي جەھتتىن ياردەم بېرىپ، قوزغىلاڭنىڭ غەلبە قازىنىشغا سىرتتىن
يېتەكچىلىك قىلدى. ئاتتىلانىڭ ھەربىي ھۇجۇمى ئاستىدا ماغدۇرىدىن كەتكەن
غەربىي رىم ئىمپېرىيسى، قارام خەلقلەر قوزغىلىڭىنىڭ نەتىجىسىدە، مىلادىيە
476-يىلى گۇمران بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ياۋروپادا قۇللۇق تۈزۈم گۇمران بولۇپ،
فېئوداللىق تۈزۈم تىكلىنىشكە باشلىدى. ئىنسانيەت جەمئىيتىنىڭ تەرەققىيات
باسقۇچىدا ناھايىتى مۇھىم باسقۇچنى تەشكىل قىلىدىغان بۇ دەۋرنىڭ ياۋروپادا
باشلىنىشىدا، ھۇنلار ناھايىتى زور رول ئوينىغانىدى.
ھۇنلار ياۋروپانىڭ جەمئىيەت تۈزۈمىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن
يەنە ئۆزىنىڭ ئىلغار مەدەنىيەت بەلگىلىرى بىلەنمۇ ياۋروپا مەدەنىيىتىدە
سالماق ئورۇن ئىگىلىدى. بىز كىتابىمىزنىڭ «ھۇنلارنىڭ ھەربىي تۈزۈمى ۋە
ئۇرۇش تاكتېكىسى»دىگەن قىسىمىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھۇنلاردىن بويان
بارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەردە ئىزچىل تەدبىقلىنىپ كەلگەن ھەربىي
تەشكىلىي تۈزۈم، ھەربىي ئىستراتېگىيە، ئاتلىق ئۇرۇش قوراللىرى يەنى« تۇران
تاكتېكىسى» ياۋروپانىڭ ھەربىي ئىشلار ھاياتىدا بىردىنلا قۇبۇل قلىنىپ،
تەدبىقلىنىشقا باشلىدى. ھۇنلارنىڭ بوز قىر ئۇسلۇبىدىكى ئىشتان - چاپان ۋە
ئىچ كۆڭلىكى ياۋروپالىقلارنىڭ ئەتىۋارلىق كىيىم فورمىسىغا ئايلاندى.
ھۇنلارنىڭ مۇزىكى چالغۇسى-قوبوز ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ مۇزىكى چالغۇلىرى
ئىچىدىن ئورۇن ئالدى. ھۇن قاتارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ مۇزىكا
سەنئىتىمۇ ياۋروپا مىللەتلىرنىڭ سەنئەت بايلىقىغا ئايلىنىپ قالدى. بولۇپمۇ
شەرىق دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپى ۋە ئەڭ ئالىي مۇزىكا نەزىريىچىسى
فارابىننىڭ مۇزىكا تەلىماتى، ئەرەب سەنئىتى ئۈچۈن يېڭى بىر دەۋىرنىڭ
باشلىنىشى بولغىنىدەك، يەنە غەربىي ياۋروپانىڭ مۇزىكا تەرەقىياتى ئۈچۈن مۇ
مۇھىم بىر مەنبەگە ئايلانغان.
نوتا بىلەن خاتىرىلەش ئۇسۇلىنى ياۋروپالىقلار كولۇنلۇق فرانكو (1190-يىلى
ئۆلگەن) نىڭ تونۇشتۇرشى ۋە ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈىشىدىن كېيىن قوبۇل قىلغان
بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر بىر ئاھاڭ ئارىسىدىكى ۋاقىت نىسبىتى ھېسابقا ئېلىناتتى.
ھازىرقى نوتا ئۇسۇلىدىن ماھىيەتتە كۆپ پەرقلەنمىگەن بۇ نوتا ئۇسۇلى گەرچە،
فرانكو نوتا ئۇسۇلى دەپ ئاتالسىمۇ، ئۇ فرانكودىن 3-4 ئەسىر ئىلگىرى، فارابى
ۋاقتىدا ئەرەب دۇنياسىدا پەيدا بولۇشقا باشلىغانىدى. ئەرەب ئالىمى،
پروفىسور ئەخۋانى بىلەن سارتوننىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئىشنى فارابى
ئەمەلىيلەشتۈرگەن. ئا. ئىرسوۋ ئۆزنىڭ «خارەزىمى ۋە فارابى» ناملىق
رىسالىسىدە: «تارىخچىلار مۇزىكىنى ھەرپ بىلەن يېزىشنى دەسلەپ فارابى تاپقان
دېيىشىدۇ» دەپ يازغان.
مۇزىكىلىق ئاھاڭلارنى نوتا بىلەن خاتىرىلەش فارابى ۋەتىندىكى تۈركىي
تىلللىق خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرى بىرى سۈپىتىدە، فارابىدىن كۆپ
ئەسىر ئىلگىرى تارىختا مەلۇم ئىدى. كۇچار (كۈسەن)لىق مۇزىكا نەزىرىيىچىسى
سۈجۈپ ياشىغان چاغلاردا مۇنداق خاتىرلەش ئۇسۇلى بولغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ
دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا دەۋرىلىرىدە يېزىلغان تارىخىي خاتىرىلەر ۋە شېئىرىي
ئەسەرلەردە كۈسەن سازەندىىرىنىڭ نوتىغا ئاساسلىنىپ ساز چالىدىغانلىقى ئېنىق
كۆرسىتىلگەن. دۇەن چڭشى يازغان «يۈيياڭ خاتىرلىرى» دىگەن كىتابتا، تاڭ
سۇلالىسىنىڭ شۇەنزۇڭ پادىشاھى (713-756-) ۋاقتىدا نىڭ ۋاڭنىڭ كۇچار نوتا
كىتابىنى ئالدىغا قويۇپ، كۇچار دېپىنى چېلىشنى ئۆگىنىۋاتقانلىقى
خاتىرلەنگەن. تاڭ دەۋرىدىكى شائىر فاڭ گەن «چاڭئەندە يېڭى نەغمە
ئاڭلىغاندا» دىگەن شېئىردا، يېڭى كۇچار نەغمىلىرىنى چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ
جەنۇبىدىكى سازەندىلەر كۇچار نوتىسىغا قاراپ چالغانلىقى مۇنداق
تەسۋىرلەنگەن.
يېڭى كۈينى ئاڭلاپ ئۆتتۇق گۈل تېگىدە قەدەھ تۇتۇپ،
ئۆتتۇق يەنە چاۋاك بىلەن ھەر نەغمىگە مەدھى ئوقۇپ.
سازەندە گەر بىلمىسىمۇ چاڭئەننىڭ يول- رەستىسىنى،
كېلەر نەغمە بۇ ياقلارغا مەكتۇپلەرگە بىر- بىر پۈتۈپ.
مانا بۇلار غەربىي نوتىلىرىنىڭ فارابى ۋە كولۇنلۇق فىرانكودىن تولىمۇ
مۇقەدەملىكىنى كۆرسىتىدۇ.
فارابىنىڭ مۇزىكا تەلماتى ياۋروپاغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. جاھان مۇزىكا
سەنئىتىنىڭ داۋاملىق راۋاجىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇنىڭ «ئىھسال
ئۆلۈم» ناملىق ئەسىرى 12- ئەسىردىلا لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئىلىم-
پەنگە، جۈملىدىن مۇزىكاشۇناسلىققا تەسىر كۆرسەتكەنىدى. 12- ئەسىردىكى ئىبنى
بەجە ۋە ئىبنى رۇشىد، 13- ئەسىردىكى مۇزىكا نەزىرىيىچىسى مورۋاىيىلىك
جېروما، 13- 14- ئەسىردىكى مۇزىكا نەزىرىيىچىسى تۇنىستادا قاتارلىقلار
فارابىنىڭ مۇزىكا نەرىرىيىسىنى ئۆگەنگەنىدى. 15- ئەسىردە ئۇنىڭ «مۇزىكا
توغرىسىدىكى چوڭ كىتاب» ناملىق چوڭ مۇزىكا تەسىرى ياۋروپادا كەڭ تارقىلىپ،
كۈچلۈك ھاياجان پەيدا قىلدى.
فارابىنىڭ مۇزىكا نەزىرىيىسى ۋە ئەرەب مۇزىكىسىنىڭ ياۋروپاغا تارقىلىشىدا ،
ئىسپانىيە مۇھىم ئۆتكەنلىك رولىنى ئۆتىگەن. فارابىنىڭ ۋارىسلىرىدىن ئىبنى
بەجە ئىسپانىيە ۋە ياۋروپا مۇزىكىسىغا كۆرىنەرلىك ھەسسە قوشتى. مۇسۇلمان
سازەندىلىرى ئىسپانىيىدىكى كاستېر ۋە ئاراگون خانلىق سارايلىرىغا ھۆسۈن
قوشتى. خرىستىئانلار بىر- بىرلەپ ئەرەب مۇزىكىسى ۋە ئۇنىڭ نەزىرىيە
قوللانمىسىنى قۇبۇل قىلىشقا باشلىدى. رېتىملىق مۇزىكا بىلەن بىللە بەۋاب
(ئەرەبلەردە ئەل ئۇد دە ئاتىلىدۇ) ئىسپانىيىلىكلەر تەرىپىدىن لائۇد،
ئەنگىلىيىلىكلەر تەرىپىدىن لۇتې دەپ راۋاپ (ئەرەپلەردە راباب دەپ ئاتىلىدۇ)
ئىسپانىيىلىكلەر تەرىپىدىن رابېل، ئەنگىلىيىلەر تەرىپىدىن رېبېك ياكى
رىبىبى دەپ قۇبۇل قىلىندى. پورتگىلىيىكلەر ھېلىمۇ ئىسكىرىپكىنى رابېكا دەپ
ئاتايدۇ. تەبلە (مىس دۇمباق)، بۇرغا، قالۇن قاتارلىق چالغۇلارمۇ ئىلگىرى-
كېيىن بولۇپ ياۋروپاغا تارقالدى.
⑩
ئۇلۇغ ئىنىسكلوپىدىك ئالىم ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ پەلسەپە، تىلشۇناسلىق،
لوگكا، ماتېماتكا، ئاستىرونومىيە، فىزىكا، مۇزىكا، جانلىق تەبىئەت ۋە
تېبابەتچىلىك ساھەسىدىكى قىممەتلىك نەتىجىلىرى، مىراسلىرى شەرق ۋە غەربنىڭ
ئىلىم- پەن بايلىقىغا ئايلانغانىدى. فارابىنىڭ پەنلىرىنى تۈرگە ئايرىش
ئۇسۇلى، پانتېزىملىق پەلسەپە سىستېمىسى ۋە ئىجتىمائىي باراۋەرلىك
توغرىسىدىكى ئىلغار ئىدىيىلىرى ئوتتۇرا ئەسىر ئىلىم- پېنىنىڭ يارقىن
نەمۇنىچىسى سۈپىتىدە فارابى ۋە ئۇنىڭ شاگىرلىتىر، ئىبنى سىنا (980-1037)،
ئىبنى تۇفەيلى (1110-1185)، ئىبنى رۇشىد (1126-1198)، ئۆمەر ھەييام
(1048-113)، نىزامى ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپا نۇمىنالىزىملىق
ماتېريالىزىم ئېقىمىغا، ياۋروپا ئەسىردىكى ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشقا ۋە
ياۋروپا پانتېزمىغا كۈچلۈك ئىدىيىۋى تەسىر كۆرسەتتى. شۇڭا، ئۇنى كۆپلىگەن
ھازىرقى زامان تەتقىقاتچىلىرى «ئىدىيە ئازادلىق مۇتەپەككۈرى» ، «ئىلىم- پەن
قەھرمانى»، «روھىي ئەركىنلىك، تەرەققىپەرۋەرلىك ۋە گۇمانىزىم ئۈچۈن
كۈرەشكۈچى جەڭچى» دەپ تەرپلىنەتتى.
فارابىنىڭ ئىلىم ۋارىسلىرىدىن بولغان، تۈركىي نەسىللىك ئائىلدىن كېلىپ
چىققان
⑾
ئىبنى سىنا ئۇنىڭ پەلسەپە ۋە تىب (تىبابەتچىلىك) تەلىماتلىرىنى تېخىمۇ
تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. ئۇنىڭ «ئەل قانۇن فىت- تىۈ»
(تىبابەتچىلىك قانۇنلىرى) دىگەن ئەسىرى شەرق ۋە غەربتە تىب ئىلىمىنىڭ
تەرەققىياتىدا يىتەكچى ئەسەرگە ئايلانغان. بۇ ئەسەر تاكى 17- ئەسرىگە
قەدەر، ياۋروپا ئۇىۋېسىتېتلىرىدا دەرسلىك ماتېريالى قىلىنىپ كەلگەن. خەلق
ئارىسىدا «لوقمان ھاكىم» دىگەن نام بىلەن ئاتالغان ئىبنى سىنانىڭ ئىسمى تىب
ئىلىمىنىڭ نامىغا ئايلىنىپ «مىدىتسىنا» ھەپ ئاتالدى.
ياۋروپا مەدەنىيەت تارىخىدىن سۆز ئېچىلغاندا، تۈركىي تىللىق مىللەتلەر
تەرىپىدىن يېتىشىپ چىققان يەنە بىر ئۇلۇغ ماتېماتىك، ئاسترونۇم ۋە
جۇغراپىيە ئالىمى خارەزىمنىڭ ئىسمى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. چۈنكى، خارەزىمى
ياۋروپاغا ئالگېبرا ئىلىمىنى تونۇتقانىدى.
خارەزىمنىڭ ماتېماتكا ساھەسىدىكى شۆھرىتى 16- ئەسىردە پۈتكۈل ياۋروپانى
قاپلىغانىدى. شۇ دەۋرىدىكى ئىتالىيىلىك مەشھۇر ماتېماتكىچى گېرولاما
كاردانو 1581- يىلى يازغان بىر ئەسىرىدە خارەزىمنى دۇنياىكى ئەڭ مەشھۇر 12
نەپەر مۇتەپپەكۈرنىڭ بىرى سۈپىتىدە كۆرسەتكەن. ياۋروپا مىلادىيە
12-ئەسىردىن باشلاپ، خارەزىمنىڭ ئەسىرلىرىنىڭ لاتىن تىلىغا تەرجىمە
قىلىنىشى بىلەن، قايتىدىن جانلىنىپ تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
خارەزىمنىڭ ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن بىرى «ئەل-
جەبر ۋەل- مۇقابەلە» ئىدى. ئەرەبچە «جەبر» سۆزى «سۇنۇق سۆڭەكنى ئەسلىگە
كەلتۈرمەك، تۈزەتمەك، ئوڭشىماق» دىگەن مەنىدە بولۇپ، ياۋروپالىقلار بۇ
ئەسەرنى لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا، «ئەل- جەبر» سۆزىنى«ئالگېبىرې»
(ئالگېبىرا) شەكىلىدە يازغان. شۇنداق قىلىپ بۇ ئەسەر شەرق ۋە غەربتە جەبر
(ئالبېبىرا) ئىلىمىگە مىراس قالدۇرۇشتەك ئورنى بىلەن يۇقىرى قىممەتكە ئىگە.
خارەزىمنىڭ «كىتابۇل- مۇختاسار فىل- ھىسابۇل ھىندى» ناملىق ھېسابقا ئائىت
يەنە بىر ئەسىرىنىڭ لاتىنچە تەرجىمىسى ھازىر گامېرا ئۇنىۋېرسىتېتىدا
ساقلانماقتا. 12- ئەسىردە جۇھاننىس ھىسپالىن تەرىپىدىن لاتىن تىلىغا
تەرجىمە قىلىنغان. «Liber
alghorisimit de practica arismetrice»
ناملىق شەرھىمۇ، خارەزىمنىڭ ئەرەبچە ئەسلىسى ئېنىق بولمىغان بىر ئەسىرگە
ئاساسلانغان ھالدا يېزىلغان بولۇپ، بۇ شەرھى خارەزىمنىڭ ھېساب كىتاپبىنى
تېخىمۇ چۈشىنىشلىك ھالغا كەلتۈرگەن.
ئۇلۇغ ماتېماتىك خارەزىمنىڭ ئىسمى ياۋروپا تىللىرىغا تۈرلۈك شەكىللەردە
قۇبۇل قىلنغان بولۇپ، لاتىنچە ئالخورىسمى، ئالگورىتما، ئالگورىزمى،
فىرانسۇزچە ئائوگرىسمى ياكى ئاۇگرىمى ئىنگىلىزچە ئائۇگرىم دەپ ئاتالغان.
ماتېماتكىدىكى ھېسابلاشنى ئاددىيلاشتۇردىغان بىر سىستېمىنىڭ نامى بولغان
«لوگارىتما» دىگەن ئىسىمدىن كەلگەن.
ھۇنلارنىڭ ئىىزنى باسقان ئاۋارلارنىڭ مەدەنىيەت تەسىرىنىڭ ياۋروپادا ئۇزۇن
داۋاملاشقانلىقى مەلۇم. خورۋاتلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەسكىرىي- ئىدارە
ئۇنۋانلىرىدىن «بان» (كۆك تۈركچە ‹باغا›، ئاۋار تىلدا ‹باغان› دىيىلىدۇ)،
«بويار» ، «يۇغۇرۇش» قاتارلىق ئونۋان ناملىرىغا ئوخشاش ناۋارىنو (ئاۋارىنو
– پىيلوس) شەھىرىنىڭ نامىمۇ ئاۋارلارنىڭ خاتىرىسىنى ئەكىس
ئەتتۈرىدۇ.بولۇپمۇ ھۇنگريەدە بايقالغان ئاۋارلار دەۋرىگە ئائىت (مىلادىيە
558-805- يىللار) ئارخېئولوگىيەلىك ئەسىرلەر- تۆكۈش سايمانلىرى بىلەن
ئۈستىگە ھايۋانلارنىڭ سۇقۇشىۋاتقان كۆرۈنۈشى چۈشۈرۈلگەن تەسۋرى بىلەن
گىرىفۇن چۈشۈرۈلگەن ئات- ھارۋا جابدۇقلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا تەرەققىي
قىلغان سەنئەت ئۇسلۇبىنىڭ (ھايۋان تەسۋىرى ئۇسلۇبى) ياۋرۇپادىكى ئۆرنەكلەر
سۈپتىدە قۇبۇل قىلىنماقتا. بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئىزلىرى مېروۋنجىلەر دەۋرىدە
فىرانسىيەدىمۇ كۆرۈلگەن. ھۇن دەۋرىدە رىملىقلار بىلىپ يېتەلمىگەن ئۆزەڭگە
ياۋروپادا ئاۋارلار ۋاستىسى كەڭ ئومۇملاشتى.
⒀
ئارناۋۇتلۇقتىكى پىروستوۋاس ئالتۇن غەزنىسى ئاۋارلارغار ئائىت بولغىنىغا
ئوخشاش، ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقاتلار ئاۋار تۈرك سەنئىتىنىڭ گېرمان ۋە
سلاۋيان سەنئىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. مىلادىيە 4- ئەسىرگە
قەدەر گېرمان گوتلىرىنىڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھۇن ئىمپېراتورلىقى بىلەن تۈرك
ھاكىمىيەتلىرىنىڭ دائىرسىگە كىرگەن سلاۋيان قوۋمىلىرىگە ئائىت ئىشەنچىلىك
ۋەسىقىلەر ئاۋارلار دەۋرىدە باشلىنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن سىلاۋيان تارىخى ئومۇمىي
تۈرك تارىخىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. نۇرغۇنلىغان سلاۋيان
توپلىرىنىڭ شەرقىي ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ۋە بالقانغا تارقىلىشى
ئاۋارلار دەۋرىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ چوڭ دائىرلىك كۆچۈش ئاۋار خانلىقى
تەرىپىدىن دېھقانچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە يەنە چېگرانى مۇداپىئە قىلىش
مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ خىل يول بىلەن تۈرلۈك سىلاۋيان قەبىلىلىرى
تۈگۈنكى ئىلبا دەرياسى بويلىرى، دالماھىيا بويلىرى ۋە بالقانغا قۇبۇل
قىلىندى. دىمەك، بۈگۈنكى چىغ ۋە يۈگۈسلاسىيەنىڭ سىلاۋيانلىشىشى ئاۋارلارنىڭ
تەسەببۇسى بىلەن بارلىققا كەلگەن.
⒁
مىلادىيە 750- يىللىرى ئۆپچۆرىسىدە ئافىنا ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى جايلاردا
«ئاۋارلار» دەپ ئاتالغان سىلاۋيانلار تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇ مەزگىللەردە
خورۋاتلارنى ئادرياتىك ساھىلغا باشلاپ كەلگەن رەئىسلىرى ئىچىدە كۈچلۈك،
لوبىل (ئالىپ – ئەل)، كۆسېنجى (قوشۇنجۇ)، بۇگا، توغاي قاتارلىق تۈركچە
ئىسىملارنى قويغان كىشلەر بار ئىدى.
يەنە شۇ مەزگىللەردە پاننويا (غەربىي ۋېنگرىيە) ۋە مورۋا سىلاۋيانلىرىگە
سىلاۋيانلاشقان ئاۋار بەلگىلىرىنىڭ باشچىلىق قىلغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە.
يەنە بىر تەرەپتىن گېرمان قەبىلىلىرىنىڭ چىغ مەمىلكىتىدىكى يۇرتىدىن
ئايرىلىشنىڭ ئاۋار قوماندانلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا بولغانلىقى، بۇ
ھادىسىنىڭ گېرمانىيە تەۋەسىدە بايقالغان ئاۋار سەنئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
ئەسەرلەردىمۇ ئىسپاتلانغانلىقى مەلۇم بولدى. شۇنداق قىلىپ، سۈرىيەلىك
ئىپىسكوپ جۇھانىسنىڭ مىلادىيە 584- يىلى دىگەن بىر سۆزى بىلەن ئېيتقاندا:
«ئەزەلدىن ئورمانلىقلارنىڭ ئىچىدىن سىرتقا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىغان،
ئاۋارلارنىڭ سايىسىدە ئاستىدا ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋە ئالتۇن- كۆمۈش، توپ-
توپ يىلقا ئىگىسىگە ئايلانغان سىلاۋيانلارنىڭ سىستېمىلىق ھالدا كۆچۈشىگە
مەجبۇر قىلىنىشى،بۈگۈنكى كۈندىكى ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپا مىللەتلىرى
خەرىتىسىنىڭ ئاۋار خانلىقى تەرىپىدىن سىزىلىشىغا يول ئاچقان.» قىسقىسى،
سىلاۋيانلار تەشكىللىنىپ ياشاشنى ئوغۇلار ۋە ئاۋارلاردىن ئۆگەنگەن.
يۇقىرىدا سۆزلىگىنىمىزدەك، سىلاۋيانلار ئاۋارلارنىڭ چارۋا- ماللىرىنى
باقىدىغان پادىچىلىرى ئىدى. سىلاۋيانلار ئاۋارلارغا پادىچى بولۇشنى بىر خىل
مەمۇرىيەتكە تەيىنلەنگەندەك قۇبۇل قىلغان. شۇڭلاشقا سىلاۋيان تىللىرىدىكى
«زوپان» يەنى «چوپان» سۆزى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر مەمۇرىيەت ئونۋانى
سۈپىتىدە زامانىمىزغا قەدەر قوللىنىپ كەلدى.
مىلادىيە 8- ، 9- ئەسىرلەردە ياشىغان ئىسلام مۇئەللىپلىرى ئېيتقاندەك، چىن
(تاڭ سۇلالىسى) ۋە شەرقىي رىم بىلەن تەڭ تۇرىدىغان ھازار خانلىقى كۈچلۈك
سىياسىي تەشكىل سۈپىتىدە، شەرقىي ياۋروپا تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.
شىمالىي كاۋكازدا سابىر مەمىلكىتى، ئاۋارلار، ئالانلار، ئون ئوغۇلار،
كاۋكاز تاغلىق قوۋمىلىرى، قىرىمدا گوتلار، ئىتىل بولغارلىرى، ئىتىل
بويلىرىدا فىن- ئوغۇر بورتاسىلار ۋە باشقا فىن قوۋمىلىرى، دېسىنا دەرياسى
بىلەن دىنپىر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىن بويلىرىدىكى سىلاۋيان
مىللەتلىرىدىن: رادىمىچلار، ۋىياتىسچىلار، سېۋارىئانلار، پولىئانلار، كوبان
دەرياسى ئەتىراپىدىكى ماجارلارنى ۋە كىيىف بىلەن ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى
خانلىقلارنى باشقۇرۇش دائىرىسگە كىرگۈزگەن ھازارلار، كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ
تەشكىلاتىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كۈچلۈك قوشۇنىغا تايىنىپ قولغا كىرگۈزگەن
كاپالەتكە ئىگە قىلدى. مىلادىيە 7-، 9- ئەسىرلەردە شەرقىي ياۋروپادا
ھەقىقىي مەنىسى بىلەن «ھازىر تىنچلىق دەۋرى» نى ياراتتى.
ھازىر تىنچلىق قاتناش ئالاقىسىنى تېزلىتىپ، مال ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتتى.
شۇنىڭ بىلەن، ھازار خانلىقى شەرق ۋە غەرب مىللەتلىرى ئارىسىدىكى تىجارەت ۋە
مەدەنىيەت- سەنئەت نەتىجىسىدە ئۇچرىشىدىغان رايۇنغا ئايلاندى. ھازار
تىنچلىقىنىڭ نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن بىر خىل خاتىرجەملىك ۋە ئەركىن-
ئازادە مۇھىت ئىچىدە تەرەققىي قىلغان تىجارەت پائالىيىتى، تارىخنىڭ ئەڭ
مۇھىم ھادىسلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇس- سىلاۋيان دۆلىتىنىڭ
تەشكىل تېپىشىغا ۋاستە- قورال بولدى. مىلادىيە 9- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى
يېرىمىدا سودا مۇناسىۋىتى بىلەن ھازار خانلىقىغا كەلگەن سىلاۋيان- فىن
ئارلاشما قەبىلىلىرى ھازارلارنى ئۆرنەك قىلىپ سىياسىي قۇرۇلما تەشكىل
قىلىشقا مۇۋاپپەق بولدى. مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، مىلادىيە 882-
يىلىرىدىن كېيىن ۋارگ- رۇس كىنىزەكلىكىنىڭ قولىغا ئۆتكەن ۋە شۇنىڭدىن
باشلاپ رۇسلار تارىخىدا ناھايتى مۇھىم ئورۇن تۇتقان كىيىف شەھىرىنىڭ
تۈركىيتىللىق مىللەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە.
⒄
رۇس تارىخچىلىرىدىن ۋىرنادىسكىي بىلەن لاسخىنكومۇ بۇ پىكىرنى قۇبۇل قىلغان.
ھازار خانلىقى دەۋرىدە (630-965- يىللار) رۇس كىنەزلىكىدە تۈرك تەسىرى
ئۇچۇق كۆرۈلدى. مىلادىيە 839- يىلى قۇرۇلغان رۇس ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرىنىڭ
ئۇنۋانى «قاغان» (كاگان) دەپ ئاتالغانىدى.
⒅
مىلادىيە 988- يىلى خرىستىئان دىنىنى قۇبۇل قىلغان پىرەنىس ۋىلادىمىر ۋە
كېيىنكى كىنە ياروسلاۋ (1036- 1050- يىللار) قاتارلىقلار «قاغان» (كاگان)
ئۇنۋانى داۋاملاشتۇرغان. خىلارئىون، ئىبىنى رۇستا ۋە گەردىزىنىڭ
ئەسەرلىرىدە ھەمدە فرانىك ۋە قايىنامەسىدە «قاغان» ئۇنۋانىدا ئاتالغان رسۇ
كىنەزلىرى تىلغان ئېلىنغان.
⒆
مىلادىيە 10- ئەسىردە كىيىف شەھىرىنىڭ بىر بۆلىكى «كوزارى» (تۈركچە)
سارىيىنىڭ نامىنىنىڭ تۈركچىدىن كەلگەنلىكى ئىسپاتلاندى. رۇس ۋەقايىنامەسى -
«رۇس ھەقىقىتى» دە ئىدارە قىلغۇچىلار بىلەن ئىدارە قىلىنغۇچىلار
ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدە ئادەتتە ھازار- تۈرك توپىنى
مۇشاھىدە قىلىش مۇمكىن.
⒇
رۇس كىنەزلىكى دەۋرىدىن باشلاپ، پىرەنىس سۋياتوسلاۋ ھازارلارىنىڭ تەرزىدە
قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز (سۇ) قوشۇنىنى تەشكىللەپ قوراللاندۇرغان. بالقان
سىلاۋيانلىرىمۇ ئوغۇزلار ئارقىلىق ھەم ھەربىي تەلىم- تەربىيە ھەم
قوراللاندۇرۇش (قورال، كىيىم، تۇغ) جەھەتتە تۈرك تەرزىنى ئۆرنەك قىلىپ،
ئەسكىرىي كۈچ تەشكىللىگەن. پەچىنەكلەرنىڭ رۇس ئاتلىق قوشۇنىنىڭ تەشكىل
قىلىنىشىدا مۇھىم تەسىرى بولغانلىقى قۇبۇل قىلىنماقتا. (21) رۇسلارنىڭ
مەشھۇر «ئىگور داستانى» دىمۇ ئۇرۇش تاكتېكىسى، قوراللاندۇرۇش ۋە مەدەنچىلىك
جەھەتلەردە رۇسلار ئۈستىدىكى تۈرك تەسىرى بايان قىلىنغان.
ئوتتۇرا ئاسىيادىن ياۋورپاغا كۆچكەن تۈرك كۆچ ھەرىكىتىنىڭ كېيىنكى چوڭ
دولقۇنىنى (9 – 11- ئەسىرلەر) مەيدانغا كەلتۈرگگن تۈركىي تىل قوۋىملىرىدىن
دەلەپكى پەچىنەكلەر ھېسابلىنىدۇ. پەچىنەكلەر شەرقىي ياۋروپادىكى تەشكىل
قىلالمىدى. پەقەت قەبىلە تەشكىلاتى ھالىتىنى ساقلاپ ئۇرۇش ۋە مۇداپىئە
مەزگىللىرىدە بىرلىشىپ ئۆتتى. پەچىنەكلەر رۇسلار بىلەن 121 يىل قوشنا ياشاش
جەريانىدا، ئۇلار بىلەن 11 قېتىم چوڭ ئۇرۇش قىلغان. رۇس ئاتلىق قوشۇنىنىڭ
تەشكىل قىلىنىشىدىكى پەچىنەك تەسىرى مانا شۇنداق ھەربىي توقۇنۇش
مۇناسىۋىتىنىڭ نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. مىلادىيە 1091- يىلى قۇمان-
قىپچاقلارغا قوشۇلۇپ كەتتى. ھۇنگىرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان ناگى
سىزنىت مىكلوس دىگەن جايدىن 19799- يىلى بىر غەزىنە تېپىلغان. بۇ غەزىنىدە
تېپىلغان بۇيۇملار ئالتۇندىن ياسالغان كوزا، لىگەن ۋە تاۋاق قاتارلىق
تۇرمۇش بۇيۇملىرى بولۇپ، ئۈستىگە «ئورخۇن- يېنىسەي يېزىقى» دا خەت ئۇيۇلغان
ۋە رەسىم سىزىلغان. دۇنياغا مەشھۇر بۇ غەزىنىنىڭ قايسى تۈركىي تىللىق
مىللەتلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىگى توغرىسىدا ھازىرغىچە تالاش- تارتىش بولۇپ
كەلمەكتە. كىتابىمىزنىڭ «ئاتىللانىڭ ئۆلۈمى» دىگەن قىسىمىدا ئېيتىپ
ئۆتكىنىمىزدەك، ھۇنگرىيىلىكلەر ۋە بىر مۇنچە ئالىملار بۇ غەزىنە تېپىلغان
جاينى ئاتىللا دەپنە قىلىنغان جاي دەپ قارايدۇ. لېكىن يەنە بەزى ئالىملار
بۇ غەزىنىنى پەچىنەكلىكلەرنىڭ مىراسلىرى دەپ قۇبۇل قىلماقتا. ھازىرغىچە
سىبىرىيە، رۇمىنىيە، رۇسىيە، ھۇنگرىيە، تۈركىيە ۋە كاۋكازدىكى بەزى يەر
ناملىرى ۋە ئەپسانە- رىۋايەتلىرىدە پەچىنەكلەرنىڭ خاتىرىسى- ئىزلىرى ئۆز
تەسىرىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
پەچىنەك ۋە ئۇغۇزلاردىن كېيىن، رۇسىيە، بالقاننىڭ تارىخىدا چوڭقۇر ئىز
قالدۇرغان تۈركىي تىللىق مىللەت بولسا، ياۋروپالىقلار تەرىپىدىن «كۇمان»،
شەرقلىقلەر تەرىپىدىن «قىپچاق» دەپ ئاتالغانلار ئىدى. مانا شۇ قۇمان-
قىپچاقلار مىلادىيە 1080- يىللىرى ئۆزىنىڭ سىياسىي خەرىتىسىنى شەرقتە
بالقاش- تالاس ھاۋزىسىدىن، غەربتە دوناي دەرياسى بويلىرىغىچە كېڭەيتكەنىدى.
غەربىي سىبىرىيە ۋە شەرقىي بوزقىر رايۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇمان-
قىپچاق تىروتىرىيىسى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىسلام مەنبەلىرىدە «دەشتە
قىپچاق»، غەرب مەنبەلىرىدە بولسا «كۇمانىيە» دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى. د.
راسىۋوسكىيىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، رۇس، بۇلغار، ھازار، ئالان،
بورتاس، ئۇلاخ ۋە موردىۋان قاتارلىق مىللەتلەرنى ئ.ۆز ئىرادىسىگە كىرگۈزگەن
قۇمان- قىپچاق خانلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا، يايىق- ۋولگا، دۇن- دونتىز، تۆەنكى
دىنىپىر ۋە دوناي بويلىرىدىن ئىبارەت بەش مەمۇرىي رايۇنغا بۆلۈپ ئىدارە
قىلىنغان. قۇمان- قىپچاقلارنىڭ سىياسىي قۇدرىتى تاكى مۇڭغۇللار باش كۆتۈرۈپ
چىقىپ، غەرپكە يۈرۈش قىلغانغا قەدەر داۋاملاشتى.
مۇڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ بېسىپ كىرىشى بىلەن قۇمان- قىپچاق خانلىقى ئاغدۇرۇلدى.
قۇمان- چىپچاقلارنىڭ زور كۆپچىلىگى جەنۇبىي روسىيەدە قۇرۇلغان ئالتان ئوردا
خانلىقىنىڭ پۇقراسىغا ئايلاندى. بىر قىسىمى ئېتىل بولغارلىرى ئارىسىدا
قوشۇلۇپ كەتتى. ئاز بىر قىسىمى غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرقىغا كۆچۈپ
كەتتى.
قۇمان- قىپچاقلارنىڭ ياۋروپادىكى مەدەنىيەت بەلگىلىرى سۈپىتىدە مۇنداق
ئىزلار ساقلانغان. بۇنى تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن كۆرسىتىش مۇمكىن. مۇڭغۇل
ئىستېلاسىدىن كېيىن ھۇنگرىيىدىكى مولداۋىيىگە كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەردە
ئولتۇراقلاشقان قۇمان- قىپچاقلار توپ- توپ ھالدا خىرىستىئان دىنىنى قۇبۇل
قىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن مولداۋىيە«كۇمانىيە» (قۇمانىيە) دەپ ئاتالدى.
ھۇنگر كىرالى بىلا
Ⅳمىلادىيە
1233- يىلى ئۆزىگە «رىخ كۇمان» دىگەن ئۇنۋاننى قوللانغان. (22)دۇناي بىلەن
تېزا دەرياسى ئارىسىدىكى يەر ناملىرىدا قۇمان- قىپچاق تەسىرى كۆرۈلگەن.
يەنى كىس- كۇنساگ (كىچىك قۇمان)، ناگى- كۇنساگ (چوڭ كۇناسگ) دىگەن يەر
ناملىرى ۋە كاراتساگ شەھىرىنىىڭ نامى قۇمان- قىپچاقلارغا باغلىنىدۇ. ھۇنگر
تىلىدا مەۋجۇت تۈركچە سۆزلەرنىڭ «ئوتتۇرا قاتلىمى» قۇمان- قىپچاق تىلغا
مەنسۇپ دەپ قارىلىدۇ.
پەچىنەك، ئۇز (ئوغۇز) ۋە قۇمان- قىپچاقلارنىڭ شەرقىي دوناي ئەتىراپىدىكى
مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي تەشكىلىدىكى تەسىرى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئورنى
بىلەن دىققەتنى تارتىدۇ. ھۇنگرىيەدىكى يەر ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا
قۇمان- قىپچاقلارنىڭ ئىزلىرى كۆرۈلگىنىگە ئوخشاش، رۇمىنىيىدىمۇ تېلېئورمان،
تىگخچ (تىگەچ)، دەرەخلۇي ( دەرەلۇگ)، تۇرلۇي (نۇرلۇق – تۇزلۇق)، تەسلۇي
(تەزلۇگ- سۈرەت)، ئارگىس ۋە باراگان قاتارلىق تۈركچە يەر دەريا- ئېقىن
ناملىرى ۋە رۇمىن تىلىدىكى مەۋجۇت تۈركچە سۆزلەرنىڭ كۆپ قىسىمى شۇ دەۋرنىڭ
خاتىرىسى ھېسابلىنىدۇ. رۇمىنىيىدە مىلادىيە 1330- يىللاردا قۇرۇلغانلىقى
بىلىنگەن تۇنجى رۇمىن دۆلىتىمۇ قۇمان- قىپچاقلاردىن بولغان بىر قوماندان
ئائىلىسىنىڭ يىتەكچىلىگىدە قۇرۇلغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇ دۆلەتنىڭ
قۇرغۇچىسىنىڭ ئىسمى باسار- ئابا دەپ ئاتىلاتتى. ئابا (ئاپا – تۈركچە
ئۇنۋان) قوشۇمچىىسنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغان تۈركچە ئىسىملار ئوغۇزلار
(ئاي- ئابا، بوز- ئابا) ۋە قۇمان- قىپچاق (ئالىتىن-ئابا، تونۇز- ئابا، بوز
– ئابا) مۇھىتىدا ئومۇملاشقان ئىسىملاردىن ئىدى. باسار- ئابا دىگەن ئىسىممۇ
مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىن. باسار- ئابانىڭ دۆلەت قۇرۇش تارىخدىن 100 يىل بۇرۇن
«كۇمانىيە» دەپ ئاتالغان بۇ رايۇن قۇمان- رۇمىن مىللەت نامىدىن ئېلىنىپ،
«رۇمانىيە» (رۇمېنىيە) دەپ ئاتىلدىغان بولدى. رۇمىنىيەنىڭ شىمالىدىكى
باساربىيە دىگەن يەرنىڭ نامىمۇ مۇشۇ خاننىڭ ئىسمىدىن ئېلىنغان. (22) باسار
دىگەن كىشى ئۇچرايدۇ. باسار- ئابانىڭ تۈرك مەدىنىيىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار
بەرگەنلىكىنى مىلادىيە 15- 16- ئەسىرلەردە رۇمىن دۆلەت خادىملىرىنىڭ ساپ
تۈركچە ئىسىملارنى قوللانغانلىقىدىن كۆرۈش مۇمكىن. مەسلەن، ئاقباس، ئاققۇش،
بوزدۇغان، بىلىك، بېرنېدى، باراق، بارس، بايباس، بۇغا، بېلچېر، قارا،
قىزىل، قازان، شىشمان، تەمۇرتاش، توق ۋە ئۆتەمىش قاتارلىق ئىسىملارنى مىسال
قىلىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.
مىلادىي 14- ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، دوبرۇجادا قۇرۇلغان دۆلەتنى
قۇمان- قىپچاقلارغا باغلاش مۇمكىن. بىر تەرەپتىن بولغار خانلىقى يەنە بىر
تەرەپتىن شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان بۇ
دەۋردە، مىلادىيە 1346- يىلى ئىمپېراتورىچە ئاننا تەرىپىدىن ياردەمگە
تەكلىن قىلىنغان تۆۋەنكى دوناي بويىدىكى مەھەللىۋى خانلاردىن بولغان بالىقا
(تۈركچە بالىق) نىڭ ئوغلى دوبرۇجا (بۈگۈنكى كۈندىكى دوبرۇجا دىگەن نام مۇشۇ
كىشىنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن) مىلادىيە 1354- يىلىدىن باشلاپ، كېيىنچە ئۆز
نامىدا ئاتالغان رايۇننىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىپ، مىلادىيە 1385- يىلىغا
قەدەر بالقان ۋە قارا دېڭىز بويىچە مۇھىم رول ئوينىغان. دوبرۇجانىڭ ئۆز
نامىغا پۇل قويدۇرغان ئوغلى ئىۋانكو دەۋرىدە (مىلادىيە 14- ئەسىرنىڭ
ئاخىرى) بىر مەزگىل رۇمىىن دۆلىتىگە قارام بولۇپ قالغان دوبرۇجا خانلىقى
مىلادىيە 1417- يىلى ئوسمانلىرى ئېمپىريىسى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىندى.
تۈرلۈك تارىخىي مەنبەلەردىن بىز تۈركىي تىللىق مىللەتلەر بىلەن سىلاۋيان
مىللەتلىرىنىڭ ئۇچرىشىش تارىخىنىڭ مىلادىيە 2- ئەسىرىدن باشلانغانلىقىنى
كۆرۈۋالالايمىز. «ئوغۇزنامە» داستانىدا تىلغا ئېلىندىغان «ساقلاپ» دىگەن
كىشىنىڭ سىلاۋيانلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا. يۇقىرىدا بايان
قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، شەرقىي سىلاۋيانلاردىن بولغان رۇسلارنىڭ ھازار، ئوغۇز
«ئۇز» ۋە پەچىنەك قاتارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەر بىلەن قوشنا ياشاش
جەريانىدا، ئۇلار بىلەن بولغان تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر نەتىجىسىدە رۇس
مەدەنىيىتىدە تۈرك تەسىرى سالماق ئورۇنى ئىگەللەپ كەلدى. مانا شۇنداق
تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە يۈز بېرىۋاتقان كۈچلۈك تەسىر
كۆرسىتىش ھادىسىسى، قۇمان- قىپچاق خانلىقى ۋە بۇ خانلىقنىڭ خارابىسى
ئۈستىگە قۇرۇلغان ئالتۇن ئوردا خانلىقى دەۋرىدە (مىلادىيە 13-15- ئەسىرلەر)
تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ بارغان. بولۇپمۇ، تۈركىي تىلىنىڭ رۇس تىلىغا كۆرسەتكەن
تەسىرى بەكرەك گەۋدىلىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغان.
مۇڭغۇللارنىڭ مۇڭغۇل ۋە تۈركلەردىن تەركىپ تاپقان قۇدرەتلىك ئاتلىق قوشۇنى
چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ قوماندانلىقىدا كەڭ كۆلەملىك ئىستېلا
يۈرشى ئېلىپ بارغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا، دەشتى قىپچاق ۋە قوسكۋانى ئۆز
ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل رۇلسار زېمىنىمۇ بويسۇندۇرۇلدى. بۇ غەلبە ئاساسىدا
چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى باتۇرخان مىلادىيە 1240- يىللاردا، شەرقتە ئېرتىش
دەرياسىدىن، غەربتە ئىنتىل- دوناي دەرياسىغىچە بولغان رايۇنلاردائالتۇن
ئوردا خانلىقىنى قۇرغان. بۇ خانلىقنىڭ پۇقرالىرى مۇڭغۇللاردىن باشقا
ئۇيغۇر، بۇلغار (تاتار)، قىرغىز، قۇمان- قىپچاق، قاڭلى ۋە شەرقىي
مىلاۋيانلاردىن بولغان رۇسلار قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقانىدى.
مىلادىيە 13- ئەسىردە بارلىققا كەلگەن كۈچلۈك مۇڭغۇل ئىمپېرىيىسى،
ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن ئۇزۇقلانغانىدى. بۇ دەۋردە چىڭگىزخان
ئەۋلاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي ياۋروپا ۋە غەربىي ئاسىيادا رەسمىي
دۆلەت تىلى سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىنغان «ئۇيغۇر- خاقانىيە ئەدەبىي تىلى» ھەر
يەردە كىشلەر چۈشىنەلەيدىغان تىلغا ئايلانغان. (23) بۇ دەۋردە مۇڭغۇللارنىڭ
دىپلوماتلىرىنىڭمۇ كۆپچىلىكى ئۇغۇرلاردىن، ئاز بىر قىسىمى بولسا كىرەيتلەر
ۋە ئونگۈتلەردىن كېلىپ چىققان، ئۇيغۇر ئەلچىلەر رىمدا، ۋالىيلار جۇڭگو ۋە
ئىران – ئىراقتا، ئوقۇقۇچىلار چىڭگىز ئائىلىسىدە، ئالىم ۋە زىيالىيلار
تەبرىزدىكى مۇڭغۇل سارىيىدا ۋەزىپە ئۆتىگەنىكەن. (24) ئالتۇن ئوردا
خانلىقىدىكى ھەر قايسى خانلارنىڭ بارلىقلىرى ۋە ھەر خىل ھۆججەتلەر ئۇيغۇر
يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان. ئۇيغۇر، تاتار ئەمەلدارلىرى يىراق-
يېقىندىكى رۇس يۇرتلىرىغا بېرىپ سېلىق يىققان. رۇسلارغا ئالتۇن ئوردا
خانلىقىنىڭ تۈرلۈك مەمۇرىي بۇيرۇق ۋە ئۇقتۇرۇشلىرىنى يەتكۈزگەن. سودا-
تىجارەت ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. بۇنداق كەڭ دائىرلىك ئۇچرىشىش ۋە كەڭ
دائىرلىك ئالاقە يولغا قويۇلغان بۇ دەۋرىدە، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار ۋە
تاتارلار يەنە بىر تەرەپتىن بۈيۈك رۇس (ھازىرقى رۇسلار) ۋە كىچىك رۇس
(ھازىرقى ئوكرائىنلىقلار) قاتارلىق شەرقىي سىلاۋيان خەلقلىرى ئۆز- ئارا
بىۋاستە تىل ئالاقىسىدە بولغان. ئەنە شۇنداق تارىخىي يۇسۇندا شەكىللەنگەن
ئىجتىمائىي ئامىل تۈركىي تىللار بىلەن تۇس ۋە ئوكرائىن تىللىرىنىڭ ئۆز
–ئارا تەسىر كۆرسىتىش جەريانىنى پەيدا قىلدى. بۇ مەزگىلگە كەلگەندە تۈركىي
تىلنىڭ رۇس تىلى ئۈستىدىكى تەسىرى ئۆتكەن تارىختىكى ھەر قانداق بىر
دەۋرىدىن ھالقىپ كەتتى.
20
- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى ۋە كېيىنكى مەزگىللىرىدە ياشىغان بىر قىىسم رۇس
تىلشۇناسلىرى تۇس تىلىغا تۈركىي تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەر ئۈستىدە
ئىزەنگەن ۋە شۇ تېمىدا ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان. شۇ ماقالىلاردا
كۆرسىتىلگەن پاكىتلاردىن قارىغاندىمۇ، رۇس تىلىغا تۈركىي تىلىدىن كىرىپ
سۆزلەشكەن سۆزلەر ئاساسەن يىراق ئۆتمۈشنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىگىنى كۆرىۋالغىلى
بولىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىي تىللار تەتقىقاتى ساھەسىدىكى
ئاتاغلىق ئالىمى ن. ئا. باسكاكوۋنىڭ «رۇس تىلىدىكى تۈركىي تىللاردىن كىرگەن
سۆزلەر» («سوۋېت تۇكولوگىيىسى» ژورنىلىنىڭ 1979 - يىل 6 - سان) سەرلەۋھىلىك
ماقالىسىدە، فونتكىلىق ۋە مورفولوگفىيىلىك تۈزۈلۈشتىن قارىغاندا، ھەقىقىي
رۇس دەپ قارىلىۋاتقان بىر نەچچە سۆز مىسالغا ئېلىنىپ، ئۇلار ئۈستىدە
ئېتمولوگىيىلىك تەھلىل يۈرگۈزۈلىدۇ. مەسلەن، «باگروۋىي» (بېغىررەڭ)،
«تاراكان» (تاراغان) دىگەنگە ئوخشاش. باسكاكوۋنىڭ «موسكىۋادىكى تۈركىي
تىللاردىن كېلىپ چىققان كوچا ناملىرى» ( «سوۋېت تۈركولوگىيىسى» ژورنىلى
1979- يىل 2 - سان) سەرلەۋھلىك يەنە بىر ماقالىسى مۇنداق باشلىنىدۇ:
«مەزكۈر ماقالىنىڭ ۋەزىپىسى موسكىۋا كوچىلىرىنىڭ شەرق تىللىرىدىن يەنى
تۈركىي، موڭشۇل، ئەرەب ۋە پارسى تىللىرىدىن كېلىپ چىققان ناملىرىنى تولۇق
خاتىرلەپ كۆرسىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت. بۇ خىلدىكى كوچا ناملىرىنىڭ كۆپچىلىكى
رۇس تىلىغا يەنىلا ھەر قاسى تۈركىي تىللارنىڭ ۋاستىسى بىلەن كىرگەن.» ئۇ
«تاتار كوچىسى»، «تۈركمەن كوچىسى»، «بايار كوچىسى»، «ئىزومتۇر كوچىسى»
(زۇمرەت كوچىسى)، «ئوردىنكو كوچىسى» (ئوردا كوچىسى)، «بالكانىسكاياى»
(بالقان)، «بايكالىسكايا» (بايكۆل)، «يائۇز سىكايا» (ياۋۇز) قاتارلىق شۇ
كوچىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىسىنىڭ مىللىي نامى ياكى ئىجتىمائىي قاتلام ۋە
كەسپ ناملىرى بىلەن ئاتالغان كوچىلارنى ۋە ئىزمايلوۋ- ئىسمايىل، تۈگىنىۋ-
تۈرگۈن قاتارلىق تۈركىي تىللاردىن كېلىپ چىققان رۇسچە فامىلىلەرگە قويۇلغان
كوچا ناملىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. رۇس ئالىملىرى يەنە تۈركي تىلالردىن رۇس
تىلىغا قۇبۇل قىلىنغان بىلىق ئىسىملىىر، ھايۋانات ئىسىملىرى، سۈپەت
ئىسىملىرى ۋە نەرسە- كېرەك ئىسىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ رۇس تىلىنىڭ ھەر قايسى
دىئالىكتلىرىدا ئۆزگەرگەن مەنىلىرى ۋە ئىستىمال قىلىنىۋاتقان ئەھۋالنى
كۈچلۈك نەزىرىيىۋى تەھلىل ئاساسىدا شەرھلەپ بەرگەن. (25)
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000- يىللاردىن باشلاپ ياۋروپا تەسىر كۆرسىتىشكە
باشلىغان تۈركىي تىللىق مىللەتلەر مەدەنيىتى، ئۆزىنىڭ ھەر قايسى تىپلىرى
بويىچە تەخمىنەن 3500 يىللىق تەسىر كۆرسىتىش تارىخىنى بېرىپ ئۆتتى. مانا
شۇنداق تەسىر كۆرسىتىش نەتىجىسىدە تۈركىي تىللىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى
ياۋروپا مەدەنىيىىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم مەنبە ۋە
يىلتىزلاردىن بىرى بولۇپ قالدى.
پايدىلانغان ماتېرىياللار
خەنزۇچە مەنبەلەر:
لىن گەن: «ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى» ، 1986- يىلى بېيجىڭ.
«جۇڭگو بۈيۈك ئىنسىكلوپېدىيىسى»، دۇنيا تارىخى قىسىمى، 1990- يىلى، بېيجىڭ-
شاڭخەي.
«ئوتتۇرا ئاسىيا ئاتلىقلار مەدەنىيىتى» 1993- يىلى، جېجىياڭ.
«دۇنيانىڭ ئومۇمىي تارىخى»، 2- توم ، 2- قسىىم، 1961- يىلى، بېيجىڭ.
«دۇنيانىڭ ئومۇمىي تارىخى»، 3- توم ،1- قىسىم، 1961- يىلى، بېيجىڭ.
ئۇيغۇرچە مەنبەلەر:
مەھمۇد قەشقىرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1981- يىلى، ئۈرۈمچى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇ بلىگ» 1984- يىلى، بېيجىڭ.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى» 1986-
يىلى، ئۈرۈمچى.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» 1977- يىلى ،ئۈرۈمچى.
ئىمىن تۇرسۇن: «تارىمدىن تامچە» 1990- يىلى، بېيجىڭ.
بەنگو: «خەننامە» 1994- يىلى ،ئۈرۈمچى.
تۈركچە مەنبەلەر:
ئا. زەكى ۋەلىدى توغان: «ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش» 19981- يىلى،
ئىستانبول.
ب.
ئۆگەل: «تۈرك مەدەنىيەت تارىخى» 1962- يىلى، ئەنقەرە.
ب.
ئۆگەل: «تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات چاغلىرى» 1- توم، 1971- يىلى،
ئىستانبول.
ب.
ئۆگەل: «بۈيۈك ھۇن ئىمپېرىيىىسى تارىخى» 1- ، 2- توم، 1981- يىلى
ئىستانبول.
ب.
ئۆگەل: تۈركلەردە دۆلەت چۈشەنچىسى» 1982- يىلى، ئەنقەرە.
ئىبراھىم كافەس ئوغلۇ: «قۇتادغۇ بىلىگ ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى
ئورنى» 1980- يىلى، ئىستانبول.
ــ
س. م. ئارسال: «تۈرك تارىخى ۋە ھوقۇق» 1948- يىلى، ئىستانبول.
ــ
يىلماز ئۆزتۇنا: «تۈرك تارىخىدىن ياپراقلار» 1969- يىلى، ئىستانبول.
ــ
ئايدىن تانەرى: «تۈرك دۆلەت ئەنئەنىسى» (تۈنۈگۈن- بۈگۈن) 1981- يىلى،
ئەنقەرە.
ــ
ر. گىرسىت: «بوزقىر ئىمپېرىيىسى» 1980- يىلى، ئىستانبول.
ــ
كاموران گۆرۈن: «تۈركلەر ۋە تۈرك دۆلەتلىرى تارىخى» 1984- يىلى، ئەنقەرە.
ــ
نىجات دىيابەكىرلى: «ھۇن سەنئىتى» 1972- يىلى، ئىستانبول.
ــ
ئا. جافەر ئوغلى: «تۈرك تىلى تارىخى» 1984- يىلى ،ئىستانبول.
ــ
ل. راسونى: «تارىختا تۈركلۈك» 1942- يىلى، ئەنقەرە.
ــ
گىرىنارد: «ئاسىيانىڭ ئۈستۈنلىكى ۋەچۈشكۈنلىكى» 1941- يىلى، ئىستنابول.
ــ
ۋ. ئېبىرھارد: «چىن تارىخ» 1947- يىلى، ئىستانبول.
ــ
پ. ۋاكزى: «ئاتىللا ۋە ھۇنلار» 1964- يىلى، ئىستانبول.
ــ
ئالزىم: ئاتىللا ۋە ھۇنلار» 1940- يىلى ، بوداپېشت.
ــ
ل. لىگەتى: «ئاتىللا ۋە ھۇنلار»1940- يىلى، بوداپېشت.
ــ
ل. لىگەتى: «بىلىنمىگەن ئىچكى ئاسىيا» 1946- يىلى، ئىستانبول.
ــ
ب. سىزاكىس: «ھۇنلار» 1943- يلى، بوداپېشت.
ــ
«تۈرك دۇنياسى ئەل كىتابى» 1992- يىلى، ئەنقەرە.
ــ
«تۈر دۇنياسى ئەل كىتابى» 1942- يىلى، ئەنقەرە.
ــ
«ئىسلام ئىنسىكلوپېدىيىسى»2 ، 5 ، 9 ، 10 ، 12 - توملىرى، ئىستانبول.
ــ
«ئىسلام ئىنسىكلوپېدىيىسى»1 ، 3 ، 5 ، 7 ، 8 ، 9 ، 13 ، 18 ، 19 ، 20 ، 24
، 25 ، 29 ، 30 - توملىرى، ئەنقەرە.
«مەيدان لاروئۇسسى» 1-، 2- توملىرى، 1969- يىلى ئەنقەرە.
ئىزاھلار:
[1]«تۈرك دۇنياسى تارىخى ژورنىلى» ، تۈركچە، 1987- يىىل، 10- سان، 50 بەت.
[2] «ئىسلام ئىنسىكلوپېدىيىسى» ، تۈركچە، 12- توم، 2- جىلىد، 253- ، 254-
بەتلەر.
[3] ئا. زەكى ۋەلىدىن توغان: «ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش»، تۈركچە، 12-
بەت.
[4] «ئىسلام ئىنسىكلوپېدىيىسى» ، تۈركچە، 10- توم، 322- بەت.
[5] ئا. زەكى ۋەلىدىن توغان: «ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش»، تۈركچە، 12 ،
23-، 25- بەتلەر.
[6] ئابدىشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن : «ئۇيغۇرلار پەلسەپە تارىخى»، ئۇيغۇرچە،
52- بەت.
[7] «تۈرك دۇنياسى تارىخى ژورنلى» ، تۈركچە، 1987- يىل، 10- سان، 50- بەت.
[8] ئا. زەكى ۋەلىدىن توغان: «ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش» ، تۈركچە، 23-
، 25- بەتلەر.
[9] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن : «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ئۇيغۇچە، 30- ،
52- ، 53- بەتلەر.
[10] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن: «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى» ،
ئۇيغۇرچە ، 292-، 293-، 294- بەتلەر.
[11] «تۈرك ئىنسكولوپېدىيىسى» تۈركچە، 19- توم، 496- بەت.
[12] سۇلايمان تۇلۇجۇ: «مۇسۇلمانلارنىڭ تەبئىي پەن ئىلىمىگە قوشقان
تۆھپىلىرى» ،«تۈرك دۇنياسى تارىخ ژورنىلى» ، تۈركچە، 1987- يىلى، 4- سان،
39- بەت.
[13] ر. گىروست: «بوزقىر ئىمپېرىيىسى»، تۈركچە، 37- بەت.
[14] ب. ئۆگەل: «تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات چاغلىرى» ، تۈركچە، 1- توم،
74- بەت.
[15] ج. مىگلو: «ئاۋاز تىلى» تۈركچە، 1907- يىلى، 157- بەت.
[16] ب. ئۆگەل: «تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات چاغلىرى»، تۈركچە، 1- توم،
75- بەت.
[17] ژ. بروتكوز: «قەدىمكى كىيىفنىڭ تۈرك- ھازار مەنبەسى»، «DTCFD
ژورنىلى، تۈركچە، 1946- يىل، 4- سان. تۈركچە، 1946- يىل، 4- سان.
[18] «ھۇدۇدۇل ئالەم» ، تۈركچە ، 117- بەت.
[19] «ھۇدۇدۇل ئالەم» ، تۈركچە ، 117- بەت.
[20] ل. راسونى: «تارىختا تۈركلۈك» ، تۈركچە، 127- بەت.
[21] «ئىسلام ئىنسىكلوپېدىيىسى» ، تۈركچە، 9- توم، 538- 539- بەتلەر.
[22] ««ئىسلام ئىنسىكلوپېدىيىسى» ، تۈركچە، 5- توم،715- 539- بەتلەر.
[23] ل. راسونى« دوناي ھاۋازىسىدا قۇمانلار» ، «بەللەتەن» ، تۈركچە، 1939-
يىلى، 3- سان، 401- ، 412- بەتلەر.
[24] ئا. زەكى ۋەلىدىن توغان: «ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش» ، تۈركچە 133-
بەت.
[25] ل. راسونى: «تارىختا تۈركلۈك» ، تۈركچە، 112- بەت.
[26] پەرھات جىلان: «تۈركىي تىللار بىلەن رۇس تىلىنىڭ ئۆز ئارا تەسىر
كۆرسىتىش جەريانى»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلى، ئۇيغۇرچە، 1997- يىلى، 3-
سان، 10-، 11- بەتلەر.
«تۈرك دۇنياسى تارىخى ژۇرنىلى»، تۈركچە، 1988-يىل، 1-سان، 24-بەت.
كامۇران گۆرۈن: " تۈركلەر ۋە تۈرك دۆلەتلىرى تارىخى"، تۈركچە. 149-
بەش.
«تۈرك ئىنسىكلوپىدىيسى»،تۈركچە، 4-توم، 193-بەت.
«تۈرك ئىنسىكلوپىدىيسى» ، تۈركچە 4- توم، 203- بەت.
«تۈرك ئىنسىكلوپىدىيىسى»، تۈركچە، 4-توم،199-، 200-، 201-،
204-بەتلەر.
⑧ ئا.زەكى ۋەلىدى توغان: «ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش»، تۈركچە،
155-بەتلەر.
«ئىسلام
ئىنسىكلوپىدىيىسى»، تۈركچە، 12-توم، 2-جىلىد، 212-بەت.
|