English

Türkçe

 

عربي

ئۇيغۇرچە

 

 

 

سۇلتان ماخمۇت قەشقىرى

 

 

تەڭرىتاغ سادالىرى

 

تاللانغان شېئىرلار، باللادىلار ۋە داستانلار

 


 

 

سۇلتان ماخمۇت قەشقىرى

 

تەڭرىتاغ سادالىرى

 

تاللانغان شېئىرلار، باللادىلار ۋە داستانلار

شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى نەشر قىلدى

2008  – يىل 5 – ئاي ئىستانبۇل

 


 

نەشرىياتتىن

پروفېسسور دوكتور ۋە پېشقەدەم شائىر سۇلتان ماخمۇت قەشقىرى 1937 – يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلۇپ باشلانغۇچ مەكتەپنى قەشقەردە، ئوتتۇرا مەكتەپنى غۇلجىدا تاماملىغان. 1956 – يىلى شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) دارىلفۇنۇنىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنى بىرىنچى دەرىجىدە پۈتتۈرگەن.

1956 – 1982 – يىلى ئارىسىدا ئۈرۈمچىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1973 – 1982 – يىللىرى «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى تەرەققىي قىلىش جەمئىيىتى»نىڭ ھەيئەت ئەزالىق ۋەزىپىسىدە بولغان.

پروفېسسور، دوكتور ۋە شائىر سۇلتان ماخمۇت قەشقىرى 1982 – يىلى 17 – ئاۋغۇستتا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيىگە كەلگەن.

1983 – 1993 – يىللىرى ئارىسىدا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.  مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلمى ئەمگەكلىرى نەتىجىسىدە 1991 دە دوتسنت دوكتور، 1996 دا پروفېسسور بولغان. 1994 تە قەدىمكى تۈرك ئەدەبىياتى كافېدىراسىنىڭ باشلىقى، 1997 دا قەدىمكى تۈرك تىلى كافېدراسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 2000 دە تراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى پەن – ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى – ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىكىگە تەيىنلەنگەن، 2004 – يىلى 8 – ئايدا پېنسىيىگە چىققان.

پروفېسسور، دوكتور ۋە شائىر سۇلتان ماخمۇت قەشقىرى 1986 – يىلىدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسى ھەم ۋاقىپ رەئىسى ئورۇنباسارى ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى.

پروفېسسور، دوكتور سۇلتان ماخمۇت قەشقىرى 2004 – يىلى 12 – 13 – سېنتەبىر كۈنلىرى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتى قۇرۇش يىغىنىدا، سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان پارلامېنتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. ئىلمى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتىنى 1951 دە باشلىغان پروفېسسور، دوكتور ۋە شائىر سۇلتان ماخمۇت قەشقىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا، خىتايدا ۋە تۈركىيىدە نەشر قىلىنغان 4 شېئىرلار توپلىمى، 16 پارچە كىتابى، 350 تىن ئارتۇق ماقالىسى، 700 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، مەسەل، داستان  ۋە باللادىلىرى مەۋجۇدتۇر. ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىنگلىزچە، رۇسچە، خىتايچە، ياپونچە ۋە ئەرەب تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان پروفېسسور، دوكتور سۇلتان ماخمۇت قەشقىرى خىتاي، تۈركىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، بېلگىيە، فرانسىيە، رۇسىيە، ئوكراينا، ئەزەربەيجان ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمى كونگىرە، سېمپوزيوم ۋە كونفىرانسىلارغا ئىشتىراك قىلىپ تۈرك دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تارىخى، تىل – ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىلمى دوكلاتلىرىنى تەقدىم قىلىپ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشىغا چوڭ ھەسسە قوشقان قابىلىيەتلىك ئالىم، سىياسىيون ۋە پېشقەدەم شائىردۇر. سۇلتان ماخمۇت قەشقىرى ئائىلىلىك بولۇپ، تۆت ئەركەك پەرزەنت ئاتىسىدۇر.

 

 

 


 

مۇئەللىپتىن

 

مۆھتەرەم كىتابخان ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىم! شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ئەدەبىياتقا ئالاھىدە قىزىقىپ قالغان ئىدىم. شۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن ئۇستازىم تاجىدىن قادىرنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ئارقىسىدا شېئىر يېزىشقا باشلىدىم.  «ۋەتەن» ماۋزۇسىدىكى بىرىنچى شېئىرىم مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان كۈندىن ھېسابلىغاندا قەلەم تەۋرىتىۋاتقانلىقىمغا 57 يىل بولۇپ قالدى. بۇ يىللار ئىچىدە 700 دىن ئارتۇق شېئىر، 15 كە يېقىن داستان، باللادىلار يازغان بولساممۇ سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئېيتقاندا يېتەرلىك ۋە يۇقىرى سەۋىيىلىك ئەسەرلەر يازدىم دەپ ئېيتالمايمەن.

مەن شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى 1956 – يىلى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىندىم. ئاساسى ۋەزىپەم ياش ئەۋلادلارنى تىل – ئەدەبىيات بىلىملىرى بىلەن قوراللاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. 1956 – يىل ئاۋغۇست ئېيىدىن 1982 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىغىچە ئۈرۈمچىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا، 1983 – يىلىدىن 1993 – يىلىغىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تىجارەت مەركىزى ئىستانبۇل شەھىرىگە جايلاشقان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا، 1994 – يىلىدىن 2004 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىغىچە ئېدىرنەدىكى تراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى پەن – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئۇستازلىق ۋەزىپىسىدە بولۇندۇم ۋە ئۆزۈمنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرىم ئوقۇتۇش ۋە ئىلمى تەتقىقات جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىم نەتىجىسىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە پروفېسسور، دوكتورلۇق، ئاكادېمىك ئىلمى ئۇنۋان ئېلىش شەرىپىگە ئېرىشتىم. ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىكى تەرىپىدىن «يېزىقچىلىق ئوقۇتۇش ۋە ئىلمى تەتقىقات كافېدراسى»، «قەدىمكى تۈرك ئەدەبىياتى ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات كافېدراسى»، «قەدىمكى تۈرك تىلى ئوقۇتۇش كافېدراسى» قاتارلىقلارنىڭ مۇدىرى، تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىن قىلىندىم. بۇ ۋەزىپىلەرنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە يۈزۈمنىڭ ئېقى بىلەن ئادا قىلدىم. دۇنيانىڭ بىر مۇنچە دۆلەتلىرى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، گېرمانىيە، تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا، بېلگىيە، فرانسىيە، ئەزەر بەيجان قاتارلىق مەملىكەتلەردە ئېچىلغان خەلقئارا تۈركولوگىيە كونفىرانسلىرى ۋە ھەرخىل ئىجتىمائىي ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىلمى دوكلاتلىرىمنى تەقدىم قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشتۇم. بۇ جەھەتتىن ئۆزۈمنى بەختىيار ھېسابلايمەن. ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلىرىم جەريانىدا  15 تىن ئارتۇق كىتاب يېزىپ خەلقىمگە تەقدىم قىلدىم. تۈركىيە تۈركچىسىدە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تۈركچىسىنىڭ گرامماتىكىسى»، «ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى»، «ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تۈرك دۇنياسى»، «سەلەي چاققان لەتىپىلىرى (كىرىش، مېتىن، ئاقتارما ۋە سۆزلۈك)» قاتارلىق كىتابلارنى، ئۇيغۇر تۈركچىسى بىلەن «ئارمان» ناملىق شېئىر ۋە داستانلار توپلىمى ۋە پۇبلىستىك ئىلمى ماقالىلىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى ۋە ئۇنىڭ كېلەچىكى» ناملىق كىتابلارنى يېزىپ نەشر قىلدۇردۇم.

تۈركىيىگە كېلىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ئانچە – مۇنچە شېئىرى ئەسەرلەر يېزىپ ئەدەبىي ئىجادىيىتىمنىمۇ داۋاملاشتۇردۇم، شېئىرى ئەسەرلىرىم تۈركىيىدىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ گېزىت – ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنىپ تۇردى.

مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىم 1950 – يىلىدىن 2008 – يىلىغىچە ئىككى تارىخى دەۋرنى بېشىدىن كەچۈردى.

بىرىنچى دەۋر 1950 – يىلىدىن 1982 – يىلىغىچە بولغان تارىخى دەۋر بولۇپ، بۇ 32 يىللىق بىر تارىخى جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دەۋر ئىچىدە يازغان شېئىرى ئەسەرلىرىمنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمدە مېنىڭ خاراكتېرىم، پەزىلىتىم ۋە ئىدىيىۋى ھېس – تۇيغۇلىرىمنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆپلىگەن ياخشى ئەسەرلەرنى يازغان بولساممۇ، لېكىن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى رەھبەرلىكىنىڭ 50 – يىللارنىڭ باشلىرىدىكى يالغان ۋەدىلىرىگە، ئالدامچىلىق ھىيلە – نەيرەڭلىرىگە ئالدىنىش ۋە شۇ چاغدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە بەزى پۇچەك، ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدىغان شېئىرلارنىمۇ يازغانلىقىمدىن ئەپسۇسلانماقتىمەن. بۇ ھەقتە 1999 – يىلى ئىستانبۇل بايراق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئارمان» ناملىق شېئىر ۋە داستانلار توپلىمى كىتابىمدا يەر ئالغان «مۇئەللىپتىن» ناملىق ماقالەمدە خەلقىمىزدىن ئەپۇ سورىغان ئىدىم. بۇ دەۋردە يازغان شېئىرى ئەسەرلىرىم ئۈچ ئايرىم شېئىر ۋە داستانلار توپلىمى كىتابىمدا، شۇنداقلا ۋەتەن ئىچى ۋە ۋەتەن سىرتىدا نەشر قىلىنغان ئۇن بەشتىن ئارتۇق كوللېكتىپ شېئىر توپلاملىرىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ دەۋردە يازغان بەزى ياخشى شېئىرى ئەسەرلىرىمنى گېزىت – ژۇرناللارغا بەرمىگەن ئىدىم. بەزىلىرىنى بەرگەن بولساممۇ، لېكىن سىياسىي سىنزور – تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتەلمەي نەشر قىلىنماي قالغان ئىدى. شۇ دەۋردە يېزىلىپ ئېلان قىلىنماي قالغان شېئىرى ئەسەرلىرىم بۇ كىتابتا تېگىشلىك يېرىنى ئالدى.

ئىككىنچى دەۋر 1982 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىن 2008 – يىلى ئىككىنچى ئايغىچە بولغان 25 يىلدىن كۆپرەك بىر تارىخىي جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجادىيەت دەۋرىمدۇر.

بۇ دەۋر مېنىڭ ئانا ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيىگە ھىجرەت قىلىپ ۋە بۇ ئىككىنچى ئانا ۋەتىنىمگە يەرلىشىپ تا بۈگۈنگىچە بولغان زامان ئىچىدە يازغان شېئىرى ئەسەرلىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېمەك مېنىڭ شېئىرى ئىجادىيىتىمنىڭ 2 – دەۋرى پىكرى ھۆر، ئىرپانى ھۆر، لايىق، دېموكراتىك ھوقۇق دۆلىتى بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە يازغان شېئىرى ئەسەرلىرىمدىن تەشكىل تاپقان.

مېنىڭ «تەڭرىتاغ سادالىرى» ناملىق بۇ تاللانغان شېئىرلار، باللادىلار  ۋە داستانلار توپلىمى كىتابىمغا 57 يىلدىن بۇيان گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان، يېزىلغان بولسىمۇ، مەتبۇئاتقا بېرىلمىگەن ۋە ياكى بېرىلگەن بولسىمۇ، ئېلان قىلىنمىغان شېئىرى ئىجادىيەتلىرىمنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغان مۇھىم ئەسەرلىرىم كىرگۈزۈلدى.

تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن، يازغان ئەسەرلىرىمنىڭ مۇھىملىرى 1999 – يىلى ئىستانبۇلدا "بايراق نەشرىياتى" تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان "ئارمان" ناملىق شېئىر – داستانلار توپلىمى كىتابىمدا يەر ئالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەممىسىنى بۇ كىتابتا تەكرار ئېلان قىلىشنى ئۇيغۇن كۆرمىگەنلىكىمدىن، پەقەت بىر قانچە ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە شېئىرى ئەسىرىمنى بۇ توپلام ئىچىگە ئورۇنلاشتۇردۇم.

«تەڭرىتاغ سادالىرى» ناملىق كىتابىمدا يەر ئالغان شېئىرى ئەسەرلىرىمنىڭ تېماتىكىسىنى ئەزىز ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستانغا ۋە ئۇيغۇر مىللىتىمگە بولغان قايناق، سەمىمىي مۇھەببەت، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تومۇر تاپىنى ئاستىدا چەيلىنىۋاتقان ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرىيىتى ۋە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولغان كۈرەشنى ۋە بۇ كۈرەشنىڭ ئاساسى نىشانى ۋە مۇقەددەس غايىسى، ئۇيغۇر خەلقىمنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى، ۋەتەن ھەسرىتى، تەبىئەت لىرىكىسى، ئىنسانى سۆيگۈ – مۇھەببەت، نادانلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىلىم – پەنگە يۈرۈش قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەتنى تىكلەش، چىركىنلىككە، نومۇسسىزلىققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق تېمىلار تەشكىل قىلىدۇ.

«تەڭرىتاغ سادالىرى» كىتابىمدا 110 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلاردىن باشقا ئىككى داستان، ئۈچ باللادا ۋە ئۇنىڭ ئاخىرىدا ۋەتەندە ۋە ۋەتەن سىرتىدا يازغان تەپەككۇر دۇردانىلىرى ھېسابلانغان 90 دىن ئارتۇق رۇبائىي يەر ئالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېس – تۇيغۇلىرىنى قوزغاش، خەلقىمىزنى مۇستەملىكە قوللۇقىدىن ۋە ئاسارەتتىن قۇتۇلۇش يولىدىكى ئۇلۇغۋار كۈرەشكە سەپەرۋەر قىلىش يولىدىكى جەڭگىۋار سىگنال ۋە چاقىرىقتىن ئىبارەت.

بۇ ئەسەرلىرىم خەلقىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئويغىتىپ ۋە كۈچلەندۈرۈپ، ئۆزۈمنىڭ كىملىكىمنى بىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە قوزغاپ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋانلىقى ۋە مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە قارشى كۈرەشكە ئاكتىپ قاتنىشىشقا جەلپ قىلالىسا ئۆزۈمنى تېخىمۇ بەختلىك ھېسابلايمەن. ئىنسان ئەۋلادىغا ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ۋە مىللىتىنىڭ ھۆرىيىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئارتۇق شان – شەرەپ يوق، ۋەتەن ئەۋلادلىرىغا ئۆز ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللىتىنىڭ ھۆرىيەتكە ئىگە بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئارتۇق بەخت – سائادەت يوق.

ۋەتەننى سۆيۈش – ئىماندىندۇر. ئېتىقاد ۋە ئىمان ئىگىسى ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەن ھۆرىيىتى ۋە ئىستىقلالى ئۈچۈن بولغان كۈرەشكە تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشنى ئۆزىنىڭ ئىمانى ۋە ۋىجدانى مەسئۇلىيىتى ھېسابلىشى لازىم. مۇنداق ئىنسانلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى تارىخىنىڭ ئالتۇن سەھىپىلىرىدە يېزىلىپ، ۋەتەن ئەۋلادلىرىنىڭ قەلبىدە ئەبەدىي ياشايدۇ.

ئۆز ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىق ۋە ئەركىنلىكىگە قارشى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىدىن ئىبارەت خوجايىنلىرىغا يانتاياق بولۇپ، ئۆز ۋەتىنى ۋە ئۆز خەلقىگە قارشى جىنايەت ئىشلەۋاتقان ئاز ساندىكى خائىن چۈپرەندىلەر – بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ بۇ قانلىق جىنايەتلىرىدىن ھېساب بەرمەستىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدۇ. مۇنداقلار ۋەتەن ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن ئەبەدىلئەبەد لەنەتلىنىدۇ.

دۇنيادا ئۆزگەرمەيدىغان ھېچقانداق شەيئى مەۋجۇد ئەمەس. بۈگۈن كۈچلۈك كۆرۈنگەن قولى قانلىق دىكتاتور ئىمپىريالىست كۈچلەر يېقىن كەلگۈسىدە ھۆرىيەت كۈرىشىنىڭ كەلكۈنلىرىدە يىمىرىلىپ، تىرە – پىرەن بولۇپ كېتىدۇ. بۈگۈن ئاجىز كۆرۈنگەن مىللەتلەر ۋە مۇستەملىكىنىڭ قانلىق تاپىنىدا ئېزىلىپ، خارلىنىۋاتقان دۆلەتلەر چوقۇم بىر كۈنى زۇلمەت ۋە ئاسارەت قورغانلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ دۇنيا سەھنىسىدە قەد كۆتۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە يۇلتۇزى پارلايدۇ. بۇ تارىخنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتىدۇر.

ھەق – ئادالەت چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق كۈچلىرى چوقۇم گۇمران بولىدۇ. بۇ قانۇنىيەتنى نەزەرگە ئالغاندا ئۈمىدسىزلىنىشكە، «بىز تۈگەشتۇق» دەپ تەقدىرگە تەن بېرىشكە قەتئىي بولمايدۇ.

شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىم، ۋەتەنسىزلىكتىن، دۆلەتسىزلىكتىن قۇتۇلۇش، مىللىي مۇستەقىللىقىمىزغا ئېرىشىش يولىدا تېخىمۇ زور غەيرەتكە كېلىپ كۈرەش قىلايلى.

مەنمۇ ئانا ۋەتىنىمنىڭ ئىستىقلالى ئۈچۈن، خەلقىمىزنىڭ ھۆرىيىتى ئۈچۈن ئاخىرقى نەپسىمگىچە كۈرەش قىلىمەن. قەلەمدىن ئىبارەت ئۆتكۈر قورالنى قولۇمدىن ھەرگىز چۈشۈرمەيمەن.

مەندە يوق بىمەنە ھاۋايۇ – ھەۋەس،

ۋەتەنگە مۇھەببەت قەلبىمدە پەۋەس.

ئىستىقلال، ھۆرلۈك دەپ يازىمەن غەزەل،

جېنىم تەندە بولۇپ، ئالساملا نەپەس.

مەن بۈگۈن 57 يىللىق ئەدەبىي ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى ھېسابلانغان مەزكۇر تاللانغان شېئىر، باللادا ۋە داستانلار توپلىمى كىتابىمنى تەقدىم قىلىشنىڭ خۇشاللىق ۋە غۇرۇرى ئىچىدە سىزلەرگە چوڭقۇر ھۆرمەت – ئېھتىراملىرىمنى بىلدۈرۈش بىلەن سەمىمىي سالاملىرىمنى يوللايمەن.

 

سۇلتان ماخمۇت قەشقىرى

2007 – يىل  ئاۋغۇست، ئىستانبۇل – تۈركىيە

 


 

 

 

 

 

 

 

كۆڭۈل كۈيلىرى

( 1950 – 1982 – يىللار)

 



 

        ۋەتەن

بۈگۈن خانتەڭرى باغرىدا مەغرۇر،

ۋەتىنىم نامىڭنى تىلىمغا ئالسام.

ھاياجان بىلەن ئويناپ يۈرىكىم،

دىلىمدا قاينار ئارزۇ ۋە ئىلھام

 

سەن ئالدىمدا ئەڭ شۆھرىتى ئۇلۇغ،

كۆز يەتمەس ۋەتەن، كەڭ، گۈزەل ماكان.

بايلىقىڭ چەكسىز – تۈگىمەس، پۈتمەس،

سەن ئەزىز ئانا بىزگە مېھرىبان.

 

كەڭ قۇچىقىڭدا ئوپۇقنى سۆيۈپ،

تۇرىدۇ ئاقۋاش بۈيۈك تاغلىرىڭ.

كۈرەش ۋە ئۇلۇغ جەڭ بىلەن ئۆتكەن،

تارىختا سېنىڭ شانلىق چاغلىرىڭ.

 

سۇلىرى شىپا دەريالىرىڭدا،

بېلىقلار شۇڭغۇپ ئوينايدۇ ئۈزۈپ.

ۋادىلىرىڭدا قىزىتماقتا جەڭ،

يىگىت – قىزلىرىڭ پىلانلار تۈزۈپ.

 

ئەي ئانا ۋەتەن داڭلىق گۈلىستان،

كۈرەش باشلىدۇق ھۆرلۈك يولىدا.

دەھشەتلىك قىيا بولىدۇ تالقان.

باتۇر خەلقىمنىڭ پولات قولىدا!

1951 – يىل غۇلجا

 

        تەلكە تاغلىرى

 

يېشىل مەخمەل كۆينەك كىيىپ تۇرار تەلكە تاغلىرى،

چەكسىز كەتكەن قۇچىقىدا گۈل – گۈلىستان باغلىرى.

 

باغلىرىغا ھۆسن قوشار نازۇك تالار، سۇمبۇللار،

گۈل شېخىدا چاڭ كەلتۈرۈپ خۇشال سايرار بۇلبۇللار.

 

بۇلبۇللارنىڭ ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىپ شارقىراپ،

سايلىرىدا ھەسەل ئاقار كۈمۈش ئوخشاش پارقىراپ.

 

نۇرغا تولغان گۈل ۋادىسى چاقنىتىدۇ كۆزلەرنى،

غۇر – غۇر ئۇچقان شاماللىرى ئەركىلىتەر يۈزلەرنى.

 

قاپتىلىدا ئوتلىشىدۇ مال ۋارانلار يامرىشىپ،

ئىغاڭلىغان چىمەنلەردە ھۇزۇر سۈرۈپ يايرىشىپ.

 

يەلكىسىدە تاق – تاق سەكرەپ بوغا، كىيىك، ماراللار،

ئوينىشىدۇ كىشىلەرگە دېگەندەكلا: «قاراڭلار!»

 

يوتىسىدا غۇنچىلىغان رەڭدار لەيلى قازاقلار،

قۇلاق يېقىپ پىچىرلىشار چېلىپ خۇشال چاۋاكلار.

 

كەڭ باغرىدا تولۇپ ياتقان ئالتۇن، كۈمۈش بايلىقى،

جانغا ئارام بېغىشلايدۇ كەڭساي دېگەن  يايلىقى.

 

نېرىسىدا سايرام دېگەن بىر چىرايلىق كۆلى بار،

ئۇنىڭ سۈيى دولقۇنلىنىپ ئۆز ئوقىدا ئايلىنار.

 

ئەتراپىنى سەيلە قىلساڭ شادلىق تاشار دىلىڭدا،

دەريا – دەريا ھۇزۇر، لەززەت كېزەر يۈرەك قېتىڭدا.

 

كۈندىن-كۈنگە گۈللەپ كەتكىن سۆيگەن تېغىم ئەي تەلكە،

ياقۇت كۆزدەك زىننەت بېرىپ ئانا بۆشۈكۈم – ئەلگە.

1953 – يىل غۇلجا - ئۈرۈمچى

    باھار ئېيىدا

بۇلۇتسىز، سۈپسۈزۈك باھار ئېيىدا،

ھەممە ياق ياسانغان قۇياشتەك كۈلۈپ.

مايسىزار باغ ئىچىدە غۇنچىغا قاراپ،

ئولتۇرار رەنا قىز ئىلھامغا چۆمۈپ

بۇلبۇللار شوخ سايراپ راسا قىزىتقان،

خۇشپۇراق چېچىلغان باغنىڭ ئىچىنى.

لېۋىدە تەبەسسۇم ئېگىز كۆتۈرگەن،

باھار غۇنچىلىرى خۇشال بېشىنى.

 

تىپ تىنىق دېڭىزدەك پايانسىز ئاسمان،

خىلمۇ خىل قۇشلارنى باغرىغا باسقان.

ئۆرۈكلەر، ئالمىلار بوي تارتىپ مەغرۇر،

كۆكسىگە رەڭمۇ رەڭ چېچەكلەر ئاسقان.

 

گۈل چىراي يارىنى تاپقان يىگىتتەك،

سېخى تەبىئەتنىڭ جىلۋىسى تاشقان.

بۇلبۇللار سازىغا تەڭكەش كەلتۈرۈپ،

ئېرىقتا سۇلارمۇ شىلدىرلاپ ئاققان.

 

چىمەنلەر بويلىشىپ ئۆتكەن شوخ شامال،

تارار قىزنىڭ سىيپاپ سۇمبۇل چېچىنى.

ياپراقلار ئۈستىدە يالتىراپ شەبنەم،

كۈچلۈك يالقۇنلىتار ئۇنىڭ ئىشقىنى.

 

چىرايلىق، نەقىشلىك چىمەن دوپپىسى،

بېشىغا ياراشقان قۇيۇپ قويغاندەك.

سۈپسۈزۈك نۇر يۈزى گويا قىپقىزىل،

بەشكېرەم بېغىدا پىشقان ئاناردەك.

 

چولپاندەك كۈزىدىن ئۆتكۈر ياغار نۇر،

قاشلىرى قاپقارا خۇددى قەلەمدەك.

ھەر ياققا يېيىلىپ تۇرار لەپىلدەپ،

تۇرقىغا كېلىشكەن كۆك ئەتلەس كۆينەك.

 

كۈن بۆسۈپ چىققاندا تاغلاردىن ھالقىپ،

تەبىئەت ھۆسنىگە گۈل چىراي تاقتى.

دولقۇنلاپ داۋالغۇپ ئوتلۇق قەلبىدە،

قىزنىڭ خوش ئىلھامى دەريادەك ئاقتى.

 

شۇندىلا رەنانىڭ پولات قەلىمى،

كەتتى ئاق قەغەزنىڭ ئۈستىدە ئويناپ.

يۈرەكتىن دەل ئۇرغۇپ چىققان سۆزلىرى،

تىزىلدى مارجاندەك قۇرلارنى بويلاپ:

 

«ئەي ۋەتەن،

     جانىجان گۈلزارىم ۋەتەن.

سەن ئۈچۈن يۈز ئېچىپ كۈلسۇن كېلەچەك،

تۈنۈگۈن بىخ ئۇرغان ئۈمىد غۇنچىسى،

ئىپاردىن ھىد تۆكۈپ ئاچسۇن گۈل – چېچەك.

 

تەڭرىتاغ كۆيىگە بولۇپ جور ئاھاڭ،

ئاقماقتا دەريايىڭ تارىم ۋە ئىلى.

ھۆرلۈكۈڭ بەختىڭگە سۇيىقەست ئەيلىگەن،

رودۇپاي دۈشمەننىڭ پۈكۈلسۇن بېلى.

 

ئوت يۈرەك پاك ۋىجدان ئوغۇل ـ قىزلىرىڭ،

سەن ئۈچۈن كۈرەشتە قايناپ تاشماقتا.

ئالدىڭدا جىلۋىلىك ئۈمىد دىلبىرى،

باغرىڭغا تەلپۈنۈپ قۇچاق ئاچماقتا.»

 

ئالدىدىن بىر – لەپ ئۆتتى قىزنىڭكى،

ۋەتەن كېلەچىكىنىڭ پارلاق ئوبرازى.

كەلگۈسى گۈلشەننى كېزىپ چىقتى ئۇ،

ئۇندا خۇش چېلىنغان ھاياتنىڭ سازى.

 

كەڭ باغدا ئېچىلغان گۈللەر چېچەكلەر،

قىزنىڭ ئىلھامىغا قوشتى زور ئىلھام.

يەلپۈنۈپ مايسىلار ئويناپ شامالدا،

شىۋىرلاپ ئۇنىڭغا بېرىشتى سالام.

 

قىز يانا يازدى كۆپ قەلبىدىن قايناپ،

جاراڭلىق شېئىرلارنى ۋەتەن بېغىدا.

پارلاق كېلەچەكنى قىلىپ نامايان،

تەبىئەت جانلانغان باھار ئېيىدا.

1954 – يىل ماي ئۈرۈمچى

 

        بالىلارغا

 

ياش نوتا، قىزىل گۈل غۇنچىسى ئوخشاش،

بالىلار، سىلەرنى كۆردۈم ھەۋەستە.

شانلىق تويۇڭلارنى تەبرىكلەپ بۈگۈن،

سىلەرگە شېئىردىن تۇتتۇم گۈلدەستە.

 

دەۋرى كارۋىنىغا يېتىشمەك ئۈچۈن،

ئوقۇڭلار بېرىلىپ راسا ئىلىم ـ پەن.

تاۋلىنىپ پولاتتەك ساغلام ئۆسۈڭلار،

سىلەردىن كۆپ ئۈمىد كۈتىدۇ ۋەتەن.

 

دەۋرىمىز سىلەرنىڭ، ۋەتەن سىلەرنىڭ،

خەلقىمىز سىلەرگە قولداش، مېھرىبان.

كامالغا يېتىڭلار كۆكلەپ چىناردەك،

سىلەرگە كەڭ قۇچاق ئاچماقتا جاھان.

 

ۋەتەنگە كۆپ تۆھپە تەقدىم قىلىشقا،

بولۇڭلار ئاگرونوم ياكى ئىنژېنېر.

ۋە مەيلى بۇلۇڭلار گاڭ قەلەم تۇتۇپ،

ھەقىقىي رېئالىست يازغۇچى، شائىر.

 

بولۇڭلار ھاۋادا ئۇچقۇچى لاچىن،

ۋە ياكى بۇلۇڭلار جەڭگىۋار جەڭچى.

بولۇڭلار ئىنسانغا شەپقەتلىك دوختۇر،

ۋە ياكى بولۇڭلار سازچى سەنئەتچى.

 

ئەجدادلار سۆزىنى تۇتۇڭلار ئەستە،

سىلەردە ئۇلۇغۋار بىر ئىستەك بولسۇن.

يۈرىكىڭلار ۋەتەن ئىشقىدا تېپىپ،

گۈل – غۇنچە چېغىڭلار شەرەپكە تولسۇن.

 

سىلەر كەلگۈمىزنىڭ مىراسخورلىرى،

سىلەر تايانچىمىز، شان – شەۋكىتىمىز.

سىلەر ئۈمىد گۈلى، ھايات يۇلتۇزى،

سىلەر ئىشەنچىمىز، كۈچ – قۇۋۋىتىمىز.

 

قەلبىڭلاردا بولسۇن ئەجداد غايىسى،

سىلەرگە باغلىقتۇر پارلاق كېلەچەك!

سىلەرنىڭ جاسارەت، غەيرىتىڭلاردىن،

ئەتىمىز پارلانسۇن، ئاچسۇن گۈل – چېچەك!

1954 – يىل ئىيۇن ئۈرۈمچى

 

   يۈرىكىمنىڭ قېتىدىن

 

قۇندۇز قاشلىق، سۇمبۇل چاچلىق چولپىنىم،

كۈندەك پارلاپ نۇر چاقنايدۇ كۆزۈڭدىن.

دولقۇنلانغان زور شادلىقنىڭ يالقۇنى،

ئەكس ئېتەر قىزىل گۈلدەك يۈزۈڭدىن.

 

ئاق ئالتۇندىن توپ – رەختلەر ياراتقان،

سەن چېلىشقان فابرىكىنىڭ گۈلىسەن.

كەڭ ۋەتەنگە داڭقى شۆھرەت تاراتقان،

يۇرتىمىزنىڭ شانى قۇتلۇق قىزىسەن.

 

چېۋەر، تېتىك، كۈچكە تولغان قولۇڭدا،

ئىستانۇكنى سايرىتىسەن بۇلبۇلدەك.

سېخ بېشىدا تىك تۇرۇپسەن خۇش چىراي،

خۇددى تاڭدا كۈلۈپ تۇرغان يۇلتۇزدەك.

 

شۇنچە ھەيۋەت ماشىنىنى باشقۇرۇپ،

ئوقتەك ئىلدام ئۇيان – بۇيان چاپىسەن.

توي كۈنىدەك جىلۋە قىلىپ ئۇمىقىم،

سەن داۋالغۇپ ئىش كۆكسىدە ئاقىسەن.

 

گۆرۈلدىسە نەغمە چېلىپ ماشىناڭ،

شادلىنىسەن ئىچ ئىچىڭدىن يالقۇنلاپ.

يەڭنى تۈرسەڭ ئۆركەش ياساپ ئاقىدۇ،

تۇمۇرۇڭدىن غەيرەت قېنى دولقۇنلاپ.

 

سېنى شۇڭا ئەزىزلەيدۇ دىلىدىن،

كەڭ فابرىكا «ئىشچان – چېچەن»قىزىم دەپ.

ھەممە سىنى چۈشۈرمەيدۇ تىلىدىن،

ئالقىشلىشىپ ھۆرمەت بىلەن قەدىرلەپ.

 

سەن خىسلەتلىك ھۈنىرىڭنىڭ چىۋىرى،

رەختنى سىلىق گۈلدار رەڭدار توقۇغان.

پولاتتىنمۇ مۇستەھكەمدۇر ئىرادەڭ،

سەن ھاياتلىق مەكتىپىنى ئوقۇغان.

 

ئەندىز ئالدى سەندىن نۇرغۇن دوستلىرىڭ،

ھەر قەدەمدە سەن زور ئۈلگە ياراتتىڭ.

ئىشچانلارنى چىللاپ ئۆزۈڭ بەس - بەسكە،

سېخلار ئارا ئەمگەك كۈيى قايناتتىڭ.

 

«سەن زاۋۇتتا، مەن فابرىكىدا، يىگىتىم،

قايناق چېلىش جەڭچىلىرى ئۆزىمىز.

گاڭ بىلەكنىڭ قۇدرىتىنى بېغىشلاپ،

كېلەچەكنىڭ گۈل بېغىنى تۈزىمىز.»

 

ئاخشام ئېيتقان قەندىن تاتلىق ئۇ سۆزۈڭ،

يانا قوزغاپ ھەۋىسىمنى ئويغاتتى.

ۋەتەن ئۈچۈن لاۋۇلدىغان ۋۇجۇدۇڭ،

ئوتلۇق ئىشقىم ئېقىمىنى ئۇلغايتتى.

 

مېھرىڭ چوغ بۇپ تۆكۈلگەندە كۆكسۈمگە،

كېزىپ چىقتىم شوخ قەلبىڭنىڭ بېغىنى.

ساپ ئالتۇندەك بىر يالقۇننى بويلىدىم،

ئۇچراتمىدىم چاڭ – توزاڭنىڭ دېغىنى.

 

يۈرىكىڭنىڭ ئۇرۇشىنى تىڭشىسام،

تارىم كۈيى – شاۋقۇنىدەك ئاڭلاندى.

مۇھەببىتىم ئېشىپ ساڭا چېكىدىن،

مەڭگۈلۈككە ئۈزۈلمەس بۇپ باغلاندى.

 

ئۆرلە يۈكسەك يەنە ئەمگەك قوينىدا،

ئۇچقۇر بەيگە پەللىسىدە قاناتلان.

ئۇمىدىڭنىڭ چېچەكلىرى ئېچىلسۇن،

بەخت قۇچۇپ يەر – ھاۋادا قىل جەۋلان.

 

ئۇتۇقلىرىڭ، سېنىڭ بەختىڭ – شادلىقىم،

چۈنكى ئۆزەم سېنىڭ بىلەن يۈرەكداش.

سەن رەخت توقۇ،

           مەنمۇ ياساي پولات ئات.

غەلىبىمىزگە ئانا ۋەتەن تىلەكداش.

 

ئىشتا پىشقان فابرىك قىزى ئەي گۈلنار،

قاتتىق قىسىپ بۈگۈن ئىسسىق قولۇڭنى،

سېنى سۆيگەن يۈرىكىمنىڭ قېتىدىن،

قۇتلۇقلايمەن پارلاق ئۇلۇغ تويۇڭنى.

1955-يىل مارت ئۈرۈمچى

 

    قارا ئالتۇن كانىدا

        (چاتما شېئىر)

           

           كاندا

 

قارا ئالتۇن كانى دېسە، ئويۇمدا

ئوخشىتاتتىم خۇددى گۆرنىڭ ئىچىگە.

بۈگۈن كىيىپ مانا قومۇش قالپاقنى،

قەدەم قويدۇم چوڭقۇر كاننىڭ تېگىگە.

 

قارا ئالتۇن دېڭىزىغا چۈشكەندە،

ئەيمىنىشنىڭ دولقۇنىغا چۆمۈلدۈم.

كانچى دوستۇم مەدەت بەرگەچ يېنىمدا،

بىردىن يەنە كۈچ – غەيرەتكە كۆمۈلدۈم.

 

كۆز ئالدىمدا پەردە ئاچتى بىر شەھەر،

تاڭ ئالدىدا خۇددى كۈلگەن چولپاندەك.

ھەيران قالدىم پەرىزاتقا ئۇچرىشىپ،

ئەس – ھوشۇمنى ئوغۇرلىتىپ قويغاندەك.

 

كۆردۈم شۇندا قارا ئالتۇن شەھىرىنىڭ

ھەر تەرەپكە ئۇزۇن كەتكەن يولىنى.

يانداپ ماڭدىم زوقۇم تېشىپ يول سېلىپ،

ياتقۇزۇلغان رېلىسلارنىڭ بويىنى.

 

گۆر ئەمەسكەن قارا ئالتۇن ماكانى،

مەن ئويلىغان جىن چىراغنىڭ بىرسى يوق.

ھاڭ – تاڭ قالدىم بۇ شەھەرچە ھۆسنىگە،

ئۇنىڭ ئىچى كۈن چۈشكەندەك يوپ – يورۇق.

 

بۇ شەھەرنىڭ تۇرىسىدا غۇچچىدە،

يۇلتۇزلاردىن قاتار مۇنچاق ئېسىلغان.

ئۇزۇن كەتكەن كوچىلارغا يارىشىپ،

ئۇنىڭ نۇرى شۇنداق تەكشى چېچىلغان.

شۇندا بىردىن كۆز ئالدىمدىن بۇلۇتتەك،

ئۆتتى مۇڭلۇق قارا يىللار پەردىسى.

قۇلىقىمدا پىغان بولۇپ ياڭرىدى،

ئۆتمۈش خاڭنىڭ داۋالغۇغان نەرىسى:

 

«زۇخاڭدىن چۈشۈپ بېرىپ،

تاشنى چاپقان ئوخشايمىز.

بەرگىنى سۇنۇق ياماق،

جاننى ساتقان ئوخشايمىز.

 

كېچە – كۈندۈز دېمەستىن،

خاڭدا كۆمۈر كولىدۇق.

كىيىم – كىچەك يوقىدىن،

بىرمۇنچىلار توڭلىدۇق.

 

خاڭنىڭ ئاستى قاراڭغۇ

ماڭالمىدۇق يول تېپىپ.

قوللار قاپىرىپ كەتتى،

كۆمۈر دەپ تاشنى چېپىپ.

 

گۆردەك خاڭدا ئىشلەيمىز،

ئايلىقىمىز بەش تەنگە.

كۆڭۈل مۇپتىلا بولدى،

تۈگىمەس ئازاب، غەمگە.»

 

بۇ ناخشىلار شۇم ئۆتمۈشنىڭ ساداسى،

ئۇ زامانلار ئادەم يۇتار گۆر بولغان.

سانسىز جانلار ناھەق ئۆلۈم غارىدا،

يورۇق جاھان كۆرمەي كۆيۈپ كۈل بولغان.

 

قېلىشمايدۇ ئېلېكترلىك سارايدىن،

نۇرغا چۆمگەن زامانىمىز كانلىرى.

يەر ئاستىنىڭ شەھەرچىسى بۇ جايدىن،

ھۇزۇرلىنار ئەمگەكچىنىڭ جانلىرى.

 

بۇ شەھەرچە كوچىسىدا – باغرىدا،

جۇش ئۇرماقتا قايناق ئەمگەك دولقۇنى.

ساپ يۈرەكلىك چەبدەس قوللار ئىشلاردا،

يۈزلىرىدە چىن بەختنىڭ يالقۇنى.

 

شۇ يالقۇننىڭ تەپتى چىرماپ قەلبىمنى،

ياش يۈرىكىم باغلىرىنى يايراتتى.

مېھنەت سازى جاراڭلىغان كەڭ دېڭىز،

ئىلھامىمنى بۇلدۇقلىتىپ قايناتتى.


 

    كانچى دوستۇمغا

 

قارا ئالتۇن مېتروسىغا كىرگەندە،

ئەڭ دەسلەپتە سەن كۆزۈمگە ئىلىندىڭ.

خۇشال ئەمگەك نەغمىسىنى ياڭرىتىپ،

قامىتىڭدىن گويا تاغدەك بىلىندىڭ.

 

لېگەن قالپاق كىيىۋاپسەن جەڭچىدەك،

گاڭ قولۇڭغا يارىشىپتۇ بۇرغۇيۇڭ.

ئاستا مېڭىپ مەن يېنىڭغا بارغاندا،

كەڭ كۆكسۈڭنى مەن تەرەپكە تولغىدىڭ.

سالام بەرسەم ئىلىك ئالدىڭ يېقىملىق،

مېھر چاچتىڭ كۈلۈمسىرەپ يۈزۈڭدىن.

ئۇيقۇسىدىن يېڭى تۇرغان قۇياشتەك،

نۇر ئېقىمى پارلاپ ئاقتى كۆزۈڭدىن.

 

بۇرغۇ بىلەن داۋام ئەتتىڭ ئىشىڭنى،

توپا – تۇزاڭ چىقار ئىدى پۇرقىراپ.

تاغ سۈيىدەك ئۇرغۇپ – چاپچىپ ئاقاتتى،

تومۇرۇڭدا غەيرەت قېنى شۇرقىراپ.

 

ماڭلىيىڭدا يالتىرايتتى ئۈنچىلەر،

تاڭ سەھەردە گۈلگە قونغان شەبنەمدەك.

باش چىرىغىڭ كۈلگۈنچەك نۇر چاچاتتى،

مەنمۇ كۈندىن قېلىشمايمەن دېگەندەك.

 

توختىمىدىڭ بىر نەپەسمۇ ئىشىڭدىن،

سەن بىلىپسەن يەر ئاستىنىڭ تىلىنى.

تۇيۇقسىزلا گۈمبۈرلىتىپ پارتلاتتىڭ،

ئۇيۇل تۇرغان قارا ئالتۇن تېغىنى.

 

پارتلاش بىلەن گۈلدۈر – گۈلدۈر يىقىلىپ،

كاللەك – كاللەك قارا ئالتۇن دۈۋلەندى.

ۋاگونلارغا قاچىلىنىپ لىقمۇ لىق،

شۇ ئالتۇنلار يەر ئۈستىگە يول ئالدى.

 

شۇندا بىردىن قايناپ تاشتى ھەۋىسىم،

شوخ يۈرىكىم قانات قېقىپ ئوينىدى.

سەلدەك تېشىپ ئىلھامىمنىڭ بولىقى،

ياز دەپ سېنى يازمىغانغا قويمىدى.

 

يازالمىدىم ئەمگىكىڭگە يارىشا،

تېخى ئۆزۈم قەلىمىمدە ياش چېچەك.

گۈل ئاچقاندا پۇئىزىيە بېغىدا،

مەن يازارمەن دىلىڭ ھۇزۇر ئالغۇدەك.

 

         مۇكاپات

 

ئىسمىڭ ياڭراق مىكروفوندا توۋلىنىپ،

سەن چىققاندا كۈلۈمسىرەپ سەھنىگە.

شاۋقۇن سېلىپ تەۋرەپ كەتتى كەڭرى زال،

سېنىڭ ئەجرىڭ مېھنىتىڭنىڭ شەنىگە.

 

كەڭ سەھنىدە دولقۇن ئۇرۇپ شادلىقىڭ،

مەغرۇر تۇردۇڭ گەۋدە كىرىپ بۈركۈتتەك.

توپ ئىچىدىن سەپ سالاتتى ئامرىقىڭ،

ئىككى كۈزى چاقناپ خۇددى يۇلتۇزدەك.

كۆكرىكىڭگە تاقالغاندا قىزىل گۈل،

مىڭلاپ كۆزلەر ساڭا زوقمەن قارىدى.

سازغا چۈشۈپ ھەر يۈرەكنىڭ تارلىرى،

ئوكياندەك كۈچلۈك دولقۇن ياسىدى.

 

كۈلۈپ تۇرۇپ سۇنۇپ بەردى باشلىقىڭ،

ئۆز قولۇڭغا كاستۇم بىلەن بۇرۇلكا.

يانا ياڭراپ قايتا چاۋاك چېلىندى،

مىڭ تەشەككۈر دەپ سېنىڭدەك ئوغۇلغا.

 

يانا ئۆرلە، يانا يۈكسەل قاينامدا،

ئەي چېلىشچان كانچى دوستۇم مەرد يۈرەك.

سەندەك جەسۇر ئوغلانلارنىڭ تېرىدىن،

كۆرۈنمەكتە نۇرلۇق غالىب كېلەچەك.

1956 – يىلى فېۋرال ئۈرۈمچى لىيۇ داۋان

 

     قىزنىڭ خېتى

 

شامالدىن پۇقۇرىغان قار ئۇچقۇنلىرى،

توختىماي ئۆزىنى ئەينەككە ئۇرار.

غۇۋا نۇر ئوينىغان ئۆينىڭ ئىچىدە

دېرىزە تۆۋىدە بىر قىز ئولتۇرار.

تال – تال كىرپىكلىرى ئورىغان مەغرۇر،

برىليانت كۆزىدىن نۇر يېغىپ تۇرار.

گاھ جىملىق ئىچىدە، گاھ تۇرۇپ بىردىن

جىنەستە لەۋلىرى  پىچىرلاپ قويار.

 

قولىدا قەلىمى، ئۆزى خىيالچان،

ئۇ چوڭقۇر بىر ئوينىڭ قوينىغا پاتقان.

ئانار يۈز، خۇش قامەت قەلەمقاش قىزنى،

ئەڭ نازۇك بىر تۇيغۇ ئىلكىگە ئالغان.

 

دېرىزە ئۈستىدە، رەسىمدە كۈلۈپ،

تۇرىدۇ بىر يىگىت ياش غۇنچە گۈلدەك.

كۆكسىگە تاقىغان بىر جۈپ مېدالى،

يالتىرار ۋە چاقنار گوياكى كۈندەك.

 

كۈن يېڭى ئويغىنىپ شولىسىن چېچىپ،

قىزنىڭ جامالىدا ئوينىغاندا نۇر.

بىردىنلا شىرىلداپ ئۆتكۈر قەلىمى،

ئاق قەغەز ئۈستىدە يۈگۈردى مەغرۇر:

 

«ئەي مېنىڭ سۆيگىنىم قەلبىم چولپىنى،

تاڭ بىلەن ئويغىنىپ يازدىم ساڭا خەت.

ھەر قېتىم ئېسىمگە ئالغاندا سېنى،

دولقۇنلاپ تاشىدۇ قايناق مۇھەببەت.

 

تۈنۈگۈن يوللىغان رەسىمىڭنى كۆرۈپ،

يالقۇنلۇق بىر ھېسنىڭ قوينىغا چۆكتۈم.

سەن تىزغان ئۈنچىدەك شېرىن قۇرلارغا،

تويماستىن بىر نەچچە كۆز سېلىپ ئۆتتۈم:

 

يۈرىكىم سۆيگىنى — بەختىم چېچىكى،

سېغىنىپ دىلىمدا ئەسلەيمەن سېنى.

ئاڭلىغان چېغىمدا سەندىن خۇش خەۋەر،

شادلىقنىڭ دولقۇنى كۆمىدۇ مېنى.

 

ئاخىرقى سۆزۈڭ شۇ ئامرىقىم، جېنىم،

كەڭ يېزاڭ ئۆم ھايات قوينىغا ئاقسۇن.

خەلقىمىز سائادەت گۈلىستانىغا

يول سېلىپ ئارزۇلار قاناتلار قاقسۇن.

 

كەڭ دالا، دەشت – چۆللەر ياشناپ ۋە گۈللەپ،

ئەسىرلىك ئارزۇغا يۈرىكى قانسۇن.

ئۇنىڭ كەڭ باغرىدا ئۆملەشكەن جانلار،

بەختنىڭ، شادلىقنىڭ قەنتىنى چاقسۇن.

 

ھە، سەنمۇ چولپىنىم مۇشۇ قاينامدا،

جەڭگىۋار ئىشىڭنى يەنىمۇ ئۇلغايت.

گۈل ئاچسۇن بىخ ئۇرغان ئۈمىد چېچىكىڭ،

ئىش ئەمگەك سازىنى مەغرۇر جاراڭلات.

 

سەن ئۈچۈن مەنمۇ ھەم ۋۇجۇدۇم بىلەن،

پولاتتىن گاڭ ئاتلار ياساۋاتىمەن.

چېلىشچان يىل ئۈچۈن تۈزدۈم گاڭ پىلان،

دولقۇنلار ئارىسىدا قايناۋاتىمەن.

 

گاڭ ئاتلار پۇشقۇرۇپ، ناخشىلار توۋلاپ،

چىققاندا كەڭ يېزا توي تويلايدۇ شاد.

تاش – تاش، ئىچكىرى دېگەن سۆز تۈگەپ،

يەنىمۇ يۈكسىلەر بەختىيار ھايات.

 

سەن ئىشقا سالغاندا  تۆمۈر تايچاقنى،

چاۋاكلار ياڭرىتىپ پايانسىز ئېتىز.

رەھمەتلەر ئۈستىگە رەھمەت ياغدۇرار:

— مىڭ ياشا، — دەپ خۇشال، — تراكتورچى قىز.

 

ئۈنچىدەك تىزىلغان ئاشۇ قۇرلىرىڭ،

قەلبىمدە بىر دەريا شادلىق قوزغىدى.

ھەر سۆزۈڭ تۈگىمەس قۇۋۋەت بېغىشلاپ،

سېغىنىش ئوتلىرى مېنى چۇلغىدى.

ئاڭلىدىم شۇڭقارىم شۆھرەت – داڭقىڭنى،

بولۇپسەن زاۋۇتتا ھەممىگە ئۈلگە.

ۋۇجۇدۇڭ – كۈچۈڭنىڭ قويماي بارىنى،

مەردانە بېغىشلاپ ئانا ۋەتەنگە.

 

كۆكسۈڭگە ياراشقان شۇ بىر جۈپ مېدال،

ئىجادچان روھىڭدىن كۆرسەتتى دېرەك.

شادلىقىم جۇشقۇنلاپ فونتانلار ئېتىپ،

ئۆركەشلەر ياسىدى خۇددى ماگمىدەك.

 

پات – پات ياز، تەلمۈرتمەي يۈرەك خېتىڭنى،

مەن سېنىڭ سۆزۈڭنى قىلىمەن ئادا.

ئۆملىشىپ ئىشلەشنىڭ سازىنى چېلىپ،

ئاشلىقلار خەزىنىسى كەڭ يېزا ئارا.»

 

شۇ يەرگە كەلگەندە قەلىمى تىنىپ،

قىز خەتنى قاتلىدى، قولىغا ئالدى.

ئىشىكتىن چىقتى – دە، پوچتا پونكىتى—

جايلاشقان ئورۇنغا مەغرۇر يول ئالدى.

1956 – يىل مارت ئۈرۈمچى

 

قاچان بېرىسەن يۈرەك سىرىڭنى

 

تۈن تاڭغا ئالمىشار كىرپىك قاقماستىن،

ئىشقىڭ يۈرىكىمنى ئوغرىلاپ قېچىپ.

مەن سېنى ئويلايمەن چارچاپ قالماستىن،

شېرىن ۋە راھەتلىك ئۇيقۇدىن كېچىپ.

 

تەسەۋۋۇر – خىيالىم قۇچاق ئاچقاندا،

ئىللىق نەپسىڭدە بولىمەن مېھمان.

سۆيگۈمنىڭ لاۋاسى قايناپ تاشقاندا،

يانىسەن ئالدىمدا سەن بولۇپ چولپان.

 

ئەپسۇسكى، بىلمەيسەن مۇھەببىتىمنى،

ساپ ئىشقىم سەن ئۈچۈن يانار لوغۇلداپ.

«سۆيگۈگە سادىق مەن!»دېگەن شۇ سۆزنى،

قەلبىمنىڭ تۆرىگە يازدىم ئۇلۇغلاپ.

 

ھەيرانمەن بەرمەيسەن خېتىمگە جاۋاب،

كۆزۈمگە مەنىلىك بېقىپ قويىسەن.

قەلبىمگە سىرلىق بىر تېپىشماق تاشلاپ،

سۆيگۈ تۇمارىنى ئېسىپ قويىسەن.

 

كۆڭلۈمنى غەش قىلما، بەس ئەمدى يېتەر،

شۇنچىلىك تەلمۈرتۈپ جاننى ئالغىنىڭ.

بەس، يېتەر يۈرەكنى سەن ئەيلەپ كاۋاپ،

چوغ بىلەن كۆيدۈرۈپ ئازاب سالغىنىڭ.

 

پىراقىڭ – ئىشقىڭدا ۋۇجۇدۇم گۈلخان،

باغرىمغا مۇز بېسىپ ئۆچۈرەلمەيمەن.

سېنىڭسىز بەختىمنىڭ گۈلى ئېچىلماس،

سېنىڭسىز شاد ھايات كەچۈرەلمەيمەن.

 

تاقىتىم تاق بولۇپ يازدىم يانا خەت،

قىينىماي تېز قايتۇر جاۋاب خېتىڭنى!     

مەن ئۈچۈن قەلبىڭدە بارمىكىن ئۇرۇن،

نامايان قىلساڭچۇ يۈرەك سىرىڭنى!

1957 – يىل ماي ئۈرۈمچى

 

     كەتمەي يېنىڭدىن

 

ئويتوغراق[1]، ئويتوغراق، ئەي ئەل گۈلشىنى،

نامىڭنى خۇمار بۇپ ئاڭلايتتىم ھەر چاغ.

قەلبىمدە ئۈزمەكتە شادلىق يەلكىنى،

مەن كەلدىم قوينۇڭغا، ئەي بوستان گۈلباغ.

مېھرىڭدە ياندۇرۇپ، دىلنى يايرىتىپ،

ياش كۈيچى ئوغلۇڭنى باغرىڭغا ئالدىڭ.

سەيلە قىپ ھۆسنۈڭگە باققان چېغىمدا،

پەيزىڭدىن كۆكسۈمگە بىر يالقۇن سالدىڭ.

 

ئۇ يالقۇن ئۆچمەيدۇ ئوتتەك لاۋۇلداپ،

مەڭگۈگە قۇياشتەك تۇرىدۇ يېنىپ.

ئۆچمەيدۇ بۇ يالقۇن، توپراق بۇپ جىسمىم،

تەبىئەت قوينىغا كەتسىمۇ سىڭىپ.

 

ھەيرانمەن، ھەيرانمەن گۈزەل ھۆسنۈڭگە،

گوياكى جەننەتقۇ سەن، ئەي گۈلىستان؟!

يا مېنى ئالدىمۇ گوللاپ ئىلكىگە،

ئىخ! شېرىن ئۇيقۇدا چۈش دېگەن شەيتان؟

 

ياق مېنىڭ خۇدۇم بار، بۇ چۈشۈم ئەمەس،

جامالىڭ ئالدىدا ھودۇقتۇم چېغى.

كۈرمىڭلاپ يۈرەكتە قوزغاتقان ھەۋەس،

ئەي، گۈزەل ئۆلكەمنىڭ ياقۇت رەڭ بېغى.

 

بېلىمنى باغلىدىم: سېنى تەلتۆكۈس

تەسۋىرلەپ چىقىشقا كۈچۈم يەتكۈچە.

«قولۇڭدىن كەلگۈچە گۈل كەلتۈر»دېگەن،

شۇ ماقال مەدەتچىم تاكى ئۆلگۈچە.

 

تىڭشىدىم زوقلىنىپ قىرغاقلىرىڭدا،

شوخ جۇشقۇن ھاياتنىڭ قوشاقلىرىنى.

جەننەتتەك باغلىرىڭ كەڭ ئاچتى خۇشخۇي،

ماڭا ئۆز يارىمدەك قۇچاقلىرىنى.

 

شەربەتلەر قاينىمى گۈلزار باغلىرىڭ،

تۇز كەبى رەڭمۇ رەڭ،

                 ئاھ قانداق پۇزۇر.

كۆز ئېچىپ جاھاندا تېتىپ كۆرمىگەن

ئۇ تۆكتى قەلبىمگە بىر دۇنيا ھۇزۇر.

 

بۇ قانداق نېمىتىڭ، نۇردا تاۋلىنىپ

ياقۇت رەڭ يالتىراپ كۈلۈشۈپ كەتكەن؟!

ھە، بۇ چۇ،

         گوياكى مەرۋايىت كەبى

باراڭلار باغرىغا ئېسىلىپ كەتكەن؟!

 

بۇ نېمە، يا چىلگەڭ بولامدۇ شاختا،

ئېسىلىپ ھالقىدەك شاخلارغا قونغان؟!

بۇ نېمە، چىرايى ئالما يۈز قىزدەك،

لاتاپەت بابىدا ھۆسنىگە تولغان؟!

 

بۇ قانداق بايلىقىڭ خۇددى سېرىق ياغ،

مەي باغلاپ يېتىشكەن گوياكى قىيام.

پەمىمچە ھەر بىرى چىنىگە قىياس،

ياپراقلار باغرىدا ئېلىشقان ئارام.

 

ھە، ئۇقتۇم،

      بۇ سىنىڭ شەربىتىڭ ئىكەن.

ئۈزۈم ھەم شاپتۇلا، ئەنجۈرۈ، ئانار.

مانا بۇ يۈرەككە خۇب داۋا ئىكەن،

شەربىتى ھەسەلدەك گويا تىل يارار.

 

تەشەككۈر، ئەي بوستان، سېنى گۈللەتكەن

ئەمگەكچان خەلقنىڭ پاراسىتىگە.

تەشەككۈر، ئېھتىرام سېنى كۆكلەتكەن

قەھرىمان ئەجدادلار جاسارىتىگە.

 

شۇ كۈچلۈك جۈرئەتتىن گۈللەن يەنىمۇ،

گۈزەللىك نۇرلىرى ياغسۇن سېنىڭدىن.

قاناتلىق قوشىقىم ياڭرىسۇن مەغرۇر،

ئىشقىڭدا بىر نەپەس كەتمەي يېنىڭدىن.

1957 – يىل ئاۋغۇست، كېرىيە

 

نېمە سىر بار زادى بۇ ئىشتا

 

ئۆڭۈپ كەتكەن شۇ كۆك چاپىنىم،

يارىشىدۇ خۇيما ئۈزۈمگە.

ۋۇجۇدۇمغا بېرىپ ھارارەت،

كۆرۈنىدۇ ئىسسىق كۆزۈمگە.

 

ئۆزى ئاددىي شۇ كۆك چاپاننىڭ،

ئەقلىم ھەيران، لەززىتى ئارتىپ.

قىلىۋالدى قەلبىمنى ئەسىر،

ماگنىتتەك ئۆزىگە تارتىپ.

 

ئايدىڭ ئىدى بىر ياز ئاخشىمى،

جانان بىلەن ئۆستەڭنى بويلاپ.

بارار ئىدۇق مۇھەببەت ھېسسىي،

يۈرەكلەرنى قاپلىغان چۇلغاپ.

 

كۆزلىرىمىز قادىلىپ بەزەن،

ئىشىق – مېھر تۆكۈپ ئۆتەتتى.

غۇر – غۇر ئۇچقان يىپەكتەك شامال،

مەڭزىمىزنى سۆيۈپ ئۆتەتتى.

 

لەۋلىرىمىز ئۇچراشتى بىردەم،

مەجنۇن تالنىڭ تۈۋىدە توختاپ.

خىجىللىقتىن يوشۇرۇندى ئاي،

چۈمبەل سېلىپ يۈزىنى تۇراپ.

 

ئىككى يۈرەك كەتمىسۇن كۆيۈپ،

«سۇ سىپەيلى!» دېگەندەك ئاسمان.

ئۇنچە – مارجان پۈركىدى بىردىن،

يەر يۈزىگە شۇنچە تېز چاققان.

چاپىنىمنى سالدىم – دە دەرھال،

يارغا ياپتىم ئاۋايلاپ شۇئان.

شۇندىن بىرى شۇ ئاددىي چاپان،

بولۇپ كەتتى ماڭا سۆيۈملۈك.

ھۇزۇر بىرەر گويا بىر جاھان،

قانچە كىيسەم شۇنچە كۆيۈملۈك.

ئاز كۈن ئۆتۈپ، كەتتىم ئوقۇشقا،

يۇرتىمىزدا قالدى دىلدارىم.

بولدى يارىم كىيگەن شۇ چاپان،

نەچچە يىلدىن يۈرەك تۇمارىم.

 

گەر بۇ چاپان بولسىمۇ نېپىز،

ماڭا راھەت قەھرىتان قىشتا!

كىيسەم ئۇنى يالقۇنلىنىمەن،

نېمە سىر بار زادى بۇ ئىشتا.

1957 – يىل نويابىر ئۈرۈمچى

 

     ئىشقىڭدا يېنىپ

 

ئارىلاپ چىقتىم گۈل قۇچاقلىرىڭنى،

ۋەتىنىم نېمانچە گۈزەل سەن، كەڭ سەن.

مېھرىڭنىڭ يالقۇنى يايراتتى مېنى،

ھارارەت كۈچىدە قۇياشقا تەڭ سەن.

 

ھەر قېتىم ئايلانسام باغرىڭنى كېزىپ،

قەلبىمدە تاشقىنلار دەريا مۇھەببەت.

سەن گۈلشەن، مەن بۇلبۇل ئىشقىڭدا يېنىپ،

سايرايمەن، قانمايمەن ئەبەدىلئەبەد.

1957 – يىل ئاپرېل قەشقەر

      كەشتىچى قىزغا

 

مەن سېنى كۆردۈم – دە، ئوت ئالدى ئىشقىم،

مەرۋايىتتەك نەپىس گۈل سەنئىتىڭگە.

ئاھ، خۇمار بۇپ قالدىم، شەۋكىتىم، پەخرىم،

چېۋەرلىك سىڭىشقان تەبىئىتىڭگە.

 

گۈل چېكىپ مېھرىڭنى ياغدۇرۇپ تۇرغان،

شۇ كەشتەڭ قەلبىمنىڭ ئالدى مەيلىنى.

گۈلزارلىق قوينىغا كىرگەندەك شۇ ئان،

بىر ھازا قىپتىمەن شېرىن سەيلىنى.

 

بىر چاغدا ۋىلىقلاپ پىخىلداشلىرىڭ،

ئېسىمنى ئويغاتتى، يېڭىلىپتىمەن.

قىزىل گۈل ئاشىقى كۈيچى بۇلبۇلدەك،

ئىخ، گۈزەل كەشتەڭگە بېرىلىپتىمەن.

 

كەشتەڭدىن بايقىدىم چىمەن – گۈلىستان،

تارىم باغلىرىنىڭ قىياپىتىنى.

مەن كۆردۈم ھۆسندە كۈندەك پارلىغان،

ئەڭ نازۇك سەنئەتنىڭ شاراپىتىنى.

 

پەمىمچە ئەي جانان، پەخرىڭ – سەنئىتىڭ،

گۈلزارلىق ئورنىدا سەيلىگە يارار.

گوياكى ئۇنىڭدىن خۇددى ھۆسنۈڭدەك،

پاراسەت، گۈزەللىك نۇرلىرى ياغار.

 

شۇ نۇردىن گۈل توقۇپ ئەي چېۋەر لەۋەن،

سەنئەت ئاسمىنىدا چولپان بولۇپ قال!

مۇقەددەس ھۈنىرىڭ، ئىجادىڭ بىلەن،

يالقۇنلۇق ھەر دىلدىن ئۆچمەس ئۇرۇن ئال!

 

مەن سېنى كۆردۈم – دە، ئوت ئالدى ئىشقىم،

ئىشقىم ھۆسنۈڭ ئەمەس ھەم سەنئىتىڭگە.

ھېسسىياتىم يالقۇنلاپ تۆكۈلدى سۆزۈم،

چېۋەرلىك سىڭىشقان تەبىئىتىڭگە.

1957 – يىل 8 – ئاي خوتەن

 

نېمە ھېكمەت باردۇ كۆزۈڭدە

 

كەلمەكتىمەن ئىشقىڭدا گۈزەل،

لاۋۇلدىغان يالقۇنغا چۆمۈپ.

ئۈزۈم ھەيران گاڭمىدۇ يۈرەك،

ئوتۇن ئوخشاش پۈتمىدىم كۆيۈپ.

 

ئىشقىڭ يېڭىپ ئالغاندىن بېرى،

كېلىپ كەتتى يەنە بىر باھار.

ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنى،

قىلالمىدىم ئىزھار بىر قاتار.

 

سوئال تاشلاپ سورۇما سەۋەب،

سەۋەبىنى ئىزدە ئۆزۈڭدىن.

جۈرئىتىمنى يەڭگەن نەچچىلەپ،

سوراپ باققىن قارا كۆزۈڭدىن.

 

كۆزۈڭ ئۇچراپ قالسا كۆزۈمگە،

بوشىشىپلا كېتىمەن ھالدىن.

گوياكى توك تېپىۋەتكەندەك،

قىلالمايمەن بىرمۇ سۆز ئاندىن.

 

شۇنچە جۈرئەت قىلىپ باقساممۇ،

تىلىم پەقەت كەلمەس زۇۋانغا.

ئىشلىمىسە پەيتىدە كاج تىل،

ئازاب ئىكەن بۇمۇ ۋىجدانغا.

 

بۇ قانداق ھال، ياكى سەن جېنىم،

تۆرەلگەنمۇ مۆجىزە بولۇپ؟!

ياكى بىرەر ھېكمەت، سىر بىلەن،

سەپ قويامسەن تىلىمغا قۇلۇپ؟!

 

جاۋاب بېرىپ باققىنا دىلدار،

نېمە سىر بار زادى ئۆزۈڭدە.

 

مېنى قىلما ئوشۇقچە مالال،

نېمە كۈچ بار ئوتلۇق كۆزۈڭدە؟

1957 – يىل دېكابىر ئۈرۈمچى

 

    بىر ئوتلۇق قوشاق

 

تۈن كېچە چىمىرلار كۆكتە يۇلتۇزلار،

تەبىئەت كۆزىدىن ئۇيقۇ قاچمىغان.

مەن تاغنىڭ باغرىدا تۇراتتىم پوستا،

تېخى تاڭ سۈبھىسى قۇچاق ئاچمىغان.

 

ھەيرانمەن ئاسماندىن چۈشكەن پەرىدەك،

ئالدىمدا پەيدا بۇپ قالدى ئىككى قىز.

يەلكىسىدە جوتۇ دەرھال ئىككىسى،

تىك چوققا تەرەپكە قاراپ ماڭدى تېز.

 

ئۇلارنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنىپ مەن،

توۋلىدىم..

      —  كىم سىلەر، تۈندە قاياققا!

— ھودۇقماڭ، چۆچىماڭ، ئەي ئەنسىز يىگىت.

قىزىشقا رودىنى ئاتلاندۇق تاققا.

 

تېخى تاڭ ئاتمىدى، چېلىنمىدى داڭ،

ياخشى بۇلارمىكىن ئالساڭلار ئارام.

— كەچۈرۈڭ، سائەت تۆت، ئاتاي دېدى تاڭ،

ماڭايلۇق، ۋاقىتنى قىلماڭچۇ ھارام.

شۇ جۇشقۇن جاۋابنى زوقلىنىپ ئاڭلاپ،

تەۋرەندىم كۆكسۈمنى بېسىپ ھاياجان.

كىملەردۇ دەپ ئويلاپ بارسام يېقىنلاپ،

ئەت يۈرەك ئايشەمكەن، قولى گۈل چولپان.

— سىزمىدىڭىز شۇنچە بىزنى جوراتقان،

دەپ ئۇلار تاغ بويلاپ يول ئېلىپ كەتتى.

ئويناق كۆزلىرىدىن پارلىغاندا نۇر،

گويا كۆز ئالدىمدا تاڭ ئېتىپ كەتتى.

 

شۇ چاغدا قەلبىمدە چايقىلىپ، تېشىپ،

تۇغۇلدى جاراڭلىق بىر ئوتلۇق قوشاق.

قوشاقنى ياراتتى گاڭدەك ۋۇجۇدلار،

مۇقەددەس ئەمگەككە تەلپۈنۈپ شۇنداق.

1959 – يىل 1 – ئاي

       گۈزەللىك توغرىسىدا

 

—كىم بەك گۈزەل دۇنيادا؟ كىم مۇقەددەس، شەرەپلىك؟

بىرسى ماڭا تۇيۇقسىز سوئال قويدى شۇنداق دەپ.

مەن زەن سېلىپ ئۇنىڭغا ئەجەبلەنمەي نەق قىلىپ،

قەلبىمدىكى سۆز بىلەن جاۋاب بەردىم مۇنداق دەپ:

 

— ئەڭ گۈزىلى، ئۇلۇغى، شان – شەرىپى تۇلۇقى—

ئەمگەك دېسە ئۆزىنى پەرۋانىدەك ئاتقانلار.

ئەڭ نومۇسسىز، ۋىجدانسىز، ئەڭ بەتبەشىرە بۇزۇقى—

ئەمگەك قىلماي، تەر تۆكمەي، نان يەپ ئوڭدا ياتقانلار.

1959 – يىل نويابىر

 

   ھەممە يەردە ئۇنىڭ تەرىپى

 

«ساۋۇت ئاغرىپ قالدى» دەپ ئاڭلاپ،

ئۇ قىلالماي قىلچىلىك تاقەت.

ياتىقىغا تېز قەدەم تاشلاپ،

ئوقتەك ئۇچۇپ كىردى شۇ سائەت.

 

ئېغىر تىنىپ ياتقان شاگىرتنى،

قولتۇقىدىن تۇرغۇزدى يۆلەپ.

چىرايىغا تىكتى كۆزىنى،

يوپۇرماقتەك لەۋلىرى تىترەپ:

 

— چىرايىڭىز ساغىرىپ قاپتۇ،

    قەيىرىڭىز ئاغرىدى ئۇكام.

— سۇغ تېگىپتۇ، قېلىن كىيىنمەي،

    بولۇپ قالغان ئوخشايمەن زۇكام.

— ماغدۇرىڭىز بارمۇ مېڭىشقا،

    يا كۆتۈرۈپ ئەپ چىقايلىمۇ؟!

— ماڭالايمەن، ماڭماي نېمىشقا؟!

— ياكى دوختۇر چاقىرايلىمۇ؟!

 

— ئۇنچە ئەمەس، ئەھۋال مۇئەللىم،

ماڭغۇچىلىك مەندە بار دەرمان.

— ئۇنداق بولسا كىيىنىڭ ئاستا.

    بېرىش كېرەك دوختۇرغا چاپسان.

 

مەدەت بېرىپ ئۆز ئاتىسىدەك،

قولتۇق يۆلەپ ماڭدى شۇ ئۇستاز.

ئۆركەشلىنىپ ساۋۇت قەلبىدە،

مۇھەببەت بۇپ ئاقتى شۇ ئۇستاز.

 

يۈزلىرىگە يۈگۈرۈپ قىزىل قان،

ھاياجاندا ئاقتى ياشلىرى.

ئۇ ئويلىدى: مۇنداق مېھرىدىن،

ئېرىپ كېتەر ساينىڭ تاشلىرى.

 

شىپا تېپىپ ساۋۇت بىلەكچە،

شىپپىدىلا پەي كەبى يەڭگىپ.

ئۆز ئەكسىگە كەلدى ئۈچ كۈندە،

رەڭگى – رويى گۈلدەك ئېچىلىپ.

 

كۆز يۇممىدى شۇ كۈن كېچىچە،

غەم گۇزارى ئۇستازنى ئويلاپ.

دېدى: «ئەمدى ئەلاچى بۇلاي،

ئالغا باساي نىشاننى بويلاپ.»

 

ساۋۇت يازدى ئەتىسى تاڭدا،

ئۇستازىغا رەھمەت ئېيتىپ خەت:

«كېسىلىمگە بولدى چوڭ داۋا،

سىزدىكى روھ، سىزدىكى شەپقەت.»

 

شۇ ئۇستازنىڭ خىسلىتى گۈزەل،

ئىسمى ئەمىن، لېكتوردۇر ئۆزى.

ئۇنى ماختار ياش غۇنچە تاللار،

ھەممە يەردە تەرىپى – سۆزى.

1960 – يىل ئاپرېل ئۈرۈمچى

        


 

       دوستۇمغا

 

ئۆتكۈز دوستۇم ھاياتىڭنى مەنىلىك، ساز،

لاي سۇ كەبى كەتسە يامان ئۆمرۈڭ ئېقىپ.

ياشلىقىڭدا چىن بەختنىڭ كانىنى قاز،

«بولدى ئۆتسەم، —دېمە ھەرگىز،—جاننى بېقىپ.»

 

مامكاپ ئوخشاش ئىزسىز توزۇپ كەتمەك نومۇس،

ھاياتلىقتا ھا- ھانىلا قىلىپ ھەۋەس.

ئاقنانچىلىق كوچىسىغا خۇشتار بولۇش،

ئوتلۇق ياشلىق شەنى ئۈچۈن دۇرۇس ئەمەس.

 

گەر يولۇقسا قىيىنچىلىق، ئەگمىگىن باش،

دەۋرىمىزگە قەھرىمان بول ئىشتا تالماس.

قىيىنچىلىق بولسا گويا قىرلىق ئەينەك،

بولغىن ئۇنىڭ قارشىسىدا خۇددى ئالماس.

 

باھارىڭدا كۆكلەپ مەزمۇت چىنار بولۇپ،

ئەمگەكچىلەر ۋۇجۇدىغا سالغىن سايە.

قالما ئەسلا رەزگى قاقشال دەرەخ بولۇپ،

ياش قەلبىڭدە ئۆركەشلىسۇن ئۇلۇغ غايە.

 

ئاي – يىللارنىڭ دۇلدۇلىغا سېلىپ يۈگەن،

دادىل بارغىن نۇر چېچىلغان پارلاق يولدىن.

«ھەي، ئىسىت!» دەپ ساقال سىيپاپ قىلىش يامان،

ياشلىق ئىزسىز قۇشتەك ئۇچۇپ كەتسە قولدىن.

 

لاچىنلاردەك ئۆرلە كۆككە، ئۇچالايسەن،

ئەجدادلارنىڭ گەپلىرىگە سالساڭ قۇلاق.

ئەجرى قىلساڭ ئارزۇيۇڭغا يېتەلەيسەن،

باتۇر ئۈچۈن مۇرات بېغى ئەمەس يىراق.

 

ئېچىلدۇرۇپ ئېسىل غۇنچە – گۈللىرىڭنى،

زىننەتلىگىن گۈزەل باھار – ياشلىقىڭنى.

گۆھەر ئوخشاش چېچىپ ياشلىق نۇرلىرىڭنى،

ئاتا، دوستۇم، ۋەتەن ئۈچۈن بارلىقىڭنى!

1961 – يىلى ئاۋغۇست ئۈرۈمچى

 

مۇرادىڭغا يەت دېدىم

 

ئايروپىلان مودېلى

ياسىۋاپتۇ باقىجان.

مېنى كۆرۈپ ئېتىلدى—

كۆردۈڭمۇ،- دەپ ئاكىجان.

دەس كۆتۈرۈپ ئىنىمنى،

سۆيۈپ – سۆيۈپ قۇچاقلاپ:

— قولۇڭدىكى نېمە دەپ،-

قويدۇم ئەتەي سۆز باشلاپ.

 

شۇ ئان ئوماق ئىنىمنىڭ،

ياڭراپ كەتتى شوخ سۆزى:-

— بىلمىدىڭمۇ ئاكىجان،

ئايروپىلان بۇ ئۆزى.

 

قارا مۇنۇ قانىتى،

ماۋۇ بولسا ماتورى.

ماۋۇ يەردە ئولتۇرار،

ئۇچقۇچى – كۆك باتۇرى.

 

—كىم بولماقچى سەن، ئىنىم،

ياساپ ئايروپىلاننى.

پۈكۈپ قويدۇڭ دىلىڭغا،

قانداق مەقسەت – پىلاننى؟

 

— چوڭ بولغاندا مەن چوقۇم،

بىر ئۇچقۇچى بولىمەن.

بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىدە،

لاچىن بولۇپ ئۇچىمەن.

ياۋۇز دۈشمەن كەپ قالسا،

ئوتتەك ھۇجۇم باشلايمەن.

تۈلكە ئالغان بۈركۈتتەك،

ياۋنى مىجىپ تاشلايمەن.

 

شۇڭا بۇ يىل مەكتەپكە،

ئوقۇش ئۈچۈن بارىمەن.

ئۇستازىمنىڭ سۆزىگە،

ياخشى قۇلاق سالىمەن.

 

— «بارىكاللا باتۇرۇم،

مەڭگۈ ياشاپ كەت»، دېدىم.

مەنمۇ ساڭا تىلەكداش،

مۇرادىڭغا يەت، دېدىم.

1962 – يىل 5 – ئاي ئۈرۈمچى

 

شېئىرلىرىم، تىلىكىم شۇنداق

 

شېئىرلىرىم، شېئىرلىرىم گاڭ قوشاقلىرىم،

يۈرىكىمدىن شاۋقۇن سېلىپ ئاققىن ئۈزۈلمەي.

ئەي چولپاندەك يانغان مېنىڭ دىل چىراقلىرىم،

كۆڭلۈم تىنىم تاپماس سېنىڭ نۇرۇڭ تۆكۈلمەي.

 

شوخ شارقىراپ دەريالاردەك ئۇرغۇپ ئېقىۋەر،

ساڭا خۇشتار ھەر قەلبنىڭ ئېتىزلىرىغا!

شەربەتلىرىڭ شۇ ئېتىزدا قويماي غېرىچ يەر،

پۈركۈۋەتسۇن قىزىل گۈلنىڭ دېڭىزلىرىغا.

 

شۇ گۈللەرنىڭ دىماغ يارغان پۇرىقى يەتسۇن،

ۋەتىنىمنىڭ مامۇق گىلەم قۇچاقلىرىغا.

بۇ سۆيۈملۈك ئالتۇن توپراق ئايلىنىپ كەتسۇن،

ئىپارلارنىڭ بۇلدۇقلىغان بۇلاقلىرىغا.

 

شۇ بۇلاقنىڭ قايناملىرى ئۈنچە – مارجاندەك،

كۈۋەجىشىپ، چۇرۇقلىشىپ ئوينىسۇن، ئاقسۇن!

ھەر يۈرەكنىڭ ئىشقى چۈشۈپ خۇددى جاناندەك،

چاڭقىغاندا قېنىپ ئىچسۇن، قەنتىنى چاقسۇن!

 

قەھرىتاندا بول ئەل ئۈچۈن يالقۇنلىغان چوغ،

ھارارىتىڭ مىڭ گرادۇس ئۈستىدىن ئاشسۇن!

سېنى كۆرسە قۇيرۇقىنى قىسىپ ئاچچىق سۇغ،

كىشى بارماس چۆل – باياۋان ئىچىگە قاچسۇن!

 

قارا قىشتا ۋەتەن ئۈچۈن تەر تۆككەن پەرھات،

مۇزلىغاندا يالقۇنىڭغا كۆكسىنى ياقسۇن!

ئارزۇيۇم شۇ: سېنى سۆيۈپ ئەمگەكچى ھايات،

شېئىرلىرىم ساڭا ئوتلۇق مېھرىدە باقسۇن!

 

مىڭ غۇلاچ خاڭ ئاستىغىمۇ نۇرۇڭنى تۆك، چاچ،

قارا كۆزى «قىش گۈلى» نىڭ كەتسۇن چىمىرلاپ!

نۇرلىرىڭنىڭ قارشىسىدا ھەتتاكى قۇياش،

مايسىرىغان جىنچىراغدەك قالسۇن پىلىلداپ!

 

سېنىڭ شولاڭ بولۇپ غەيرەت، جاسارەت قېنى،

خاڭچىلارنىڭ تومۇرىغا چاپسۇن، تۆكۈلسۇن!

ھەر ئۇرغاندا گۈرسۈلدىتىپ پولات مىتىننى،

زېمىن تەۋرەپ قارا ئالتۇن باغرى سۆكۈلسۇن!

 

قىر بېشىدا سۈمۈرۈلگەن قايماقلىق چايدەك،

كۈچ – مادار بول خەلقىمىزنىڭ يۈرەكلىرىگە.

سىڭىپ ئەلنىڭ تومۇرىغا ساپ قىزىل قاندەك،

قۇۋۋەت بەرگىن، يەتكۈز بارلىق تىلەكلىرىگە.

 

شېئىرلىرىم بولۇپ ئۆزۈڭ قۇدرەتلىك سادا،

غەپلەتتىكى ئىنسانلارنى سىلكىندۈر، قوزغات!

سائادەتنىڭ مەنزىلىنى سەن قىلىپ جاكار،

ئۇخلاپ ياتقان غاپىللارنى، تۇر! دېگىن، ئويغات!

 

ھۆرىيەتكە، نۇرغا تەشنا باتۇر خەلقىمىز،

تېز ئۇلاشسۇن چاقماق كەبى، جانان يارىغا!

ئىلھامىڭدىن قۇدرەت تېپىپ، ئەجداد نەسلىمىز،

ئانا دىيار يەتسۇن نۇرلۇق گۈل باھارىغا!

 

شېئىرلىرىم يەر يۈزىدەك ئۇزۇن ئۆمۈر سۈر،

ئېچىلىپلا تۈزۈپ كەتمە ھەشقىپىچەكتەك.

يېشىڭ قانچە ئاشقانسېرى شۇنچە ياشناپ تۇر،

ھەر تاڭ بىلەن سەن ئېچىلىپ غۇنچە چېچەكتەك.

 

شېئىرلىرىم، شېئىرلىرىم شۇ تىلەك ئۈچۈن،

سېنىڭ بىلەن مۇڭدىشىمەن كۈن – تۈنلەپ ئۇزاق.

قورامىڭغا چاپسان يېتىپ نۇر چاچقىن بۈگۈن،

سەندىن دائىم تىلەيدىغان تىلىكىم شۇنداق!

1962 – يىل ئۈرۈمچى

 

  سېنىڭ ئىشقىڭدا

 

ۋەتىنىم لالىرەڭ كەڭ قۇچاقلىرىڭ،

جەنۇبتىن شىمالغا كەتكەن بى پايان.

ئەجەبمۇ چىرايلىق بوستان باغلىرىڭ،

سەن ئالەم ئىچىدە ھۆسنى گۈل جاھان.

 

شۇنچىلىك كېلىشكەن ئىسكەت – قامىتىڭ،

سەن ھۆسن تەختىدە نۇر چاچقان گۈزەل.

ھەر گىياھ،

ھەر قىيا،

ھەر گۈل چېچىكىڭ،

قەلبىمدە ئويغاتتى يالقۇنلۇق غەزەل.

 

گۈزەللىك ھەققىدە رىۋايەت تولا،

سېنىڭدە گۈزەللىك تاجىنى كۆردۈم.

شىۋىرلاپ تەۋرەنگەن ياپراقلىرىڭدا،

گويا مىڭ جەننەتنىڭ نازىنى كۆردۈم.

 

ئاھ مۇندا مەن ئالغان ھەر بىر نەپەستە،

كۆكسۈمگە سەل بولۇپ مېھرىڭ قويۇلدى.

ھەر غېرىچ تۇپرىقىڭ باقسام ھەۋەستە،

ئەجدادتىن ئامانەت بولۇپ تۇيۇلدى.

 

سېنى گۈل باغلارغا ئوخشىتاي دېسەم،

قۇچىقىڭ ئالدىدا گۈل باغ گۆرىستان.

ياپ يېشىل باھارغا ئوخشىتاي دېسەم،

ئالدىڭدا گۈل باھار گويا زىمىستان.

 

قۇياشقا ئوخشىتاي دېسەم ھۆسنۈڭنى،

قۇياش كېچىسى يوق، كۈندۈز ياشايدۇ.

سېنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتىڭ سىرلىق مۆجىزە،

قۇدرىتىڭ ھەتتاكى قۇياش ياسايدۇ.

 

ئىخ، ئانا تۇپرىقىم، ئالتۇن بۆشۈكۈم،

سەن مېنىڭ ھاياتىم، پارلىغان كۈنۈم!

ئىشقىڭدا دەريادەك ئۇرغۇپ، چايقىلىپ،

ئۆركەشلەپ، دولقۇنلاپ ئاقىدۇ كۆيۈم!

1962 – يىل ئۈرۈمچى

 

ئۆز ئەجرىم بىلەن سۈرىمەن ئۆمۈر

 

بىراۋنىڭ ئەجرىدىن قىلمايمەن تاما،

ئۆز ئەمگەك تەرىمدە سۈرىمەن ئۆمۈر.

ئەمگەكسىز بەختنى كۆرمەيمەن راۋا،

ئىرادەم مۇستەھكەم تاۋلانغان تۆمۈر.

 

بىلمەيمەن، ۋىجدانىم قىلمايدۇ قوبۇل،

بىراۋنىڭ پېشىدە ناماز ئوقۇشنى.

بىلمەيمەن، ھاياتتا ئىزدەپ ئاسان يول،

بىراۋنىڭ رىزقىغا قاپقان قۇرۇشنى.

 

ئەقلىمگە سىغمايدۇ، دېمەيمەن دۇرۇس،

ئەمگەككە ئالىيىپ مۇزدەك قاراشنى.

ئالتۇندەك ياشلىققا بىلىمەن نومۇس،

لاغايلاپ ئەمگەكسىز بىر كۈن ياشاشنى.

قۇياشتەك پاك ياشاش تىلىكىم مېنىڭ،

كۆرىمەن ئېگىزدە يېقىن – يىراقنى.

بىراۋنىڭ قولىدىن يۈرىكىم مېنىڭ،

ئىزدىمەس شان – شەرەپ، ئابرۇي – ئاتاقنى.

ئەجرىسىز تەلەينىڭ ئۆمرى قىسقىدۇر،

ئۇنىڭدىن ئاخىرى كەلمەيدۇ ۋاپا.

ئەمگىكىم — راھىتىم،

نەپسىم رىزقىدۇر،

شۇ يولدا قانچىلىك چەكسەممۇ جاپا.

 

ئەمگەكسىز ئەخلەتتەك خار كۈن كۆرۈشتىن،

كۆرىمەن تۈمەنمىڭ ئەلا ئۆلۈمنى.

تاپىمەن ھۇزۇر، شان كۆپ تەر تۆكۈشتىن،

ياشنىتىپ شۇ تەردە بەخت گۈلۈمنى.

 

بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەش يات ماڭا،

ئۆز ئەمگەك تەرىمدە سۈرىمەن ئۆمۈر.

ئەجرىسىز راھەتنى كۆرمەيمەن راۋا،

بۇ مىنىڭ ئەقىدەم – ئېگىلمەس تۆمۈر.

1962 – يىل يانۋار ئۈرۈمچى

     سايرام سېنىڭ بويۇڭدا

 

يول ئۈستىدە بىر كېچە سەندە قوندۇم مۇڭدىشىپ،

بويلىرىڭنى تاماشا قىلدىم چىقىپ سەيلىگە.

چاپچىپ بەڭۋاش دولقۇنۇڭ بىر – بىرىنى قوغلىشىپ،

بەس – بەس بىلەن چۈشۈپتۇ دۇلدۇل بولۇپ بەيگىگە.

 

گۈللۈك گىلەم سېلىنغان ئېتىكىڭدە ئۆيۈمدەك،

خىيال سۈرۈپ ئولتۇرسام پىچىرلىدىڭ ئاڭلىدىم:

«ۋەتەن ئۈچۈن ئىلھامىڭ دولقۇنلىسۇن سۈيۈمدەك،

كۈيچى ئوغلۇم مەن ساڭا ئىشەنچ، ئۈمىد باغلىدىم.

 

كۈيلە، مېنىڭ جەڭگىۋار تارىخىمنى يورۇتۇپ،

شۇ تارىخنى ياراتقان خەلقىمىزنى ئۇلۇغلاپ.

قولغا ئالساڭ قەلەمنى ھۆرلۈك ئۈچۈن روھلىنىپ،

ئىلھامىڭنىڭ بولىقى يامراپ تاشسۇن بۇلۇقلاپ.»

شۇ سۆزۈڭدىن قەلبىمدە ئۇرغۇپ ئاقتى ھاياجان،

مەنمۇ ئوتلۇق ئىلھامدا دولقۇن ئاتاي سايرىمىم!

ئىجادىمنىڭ گۈلىنى ئېچىلدۇرۇپ ھۆسنۈڭدەك،

تەقدىم قىلىش خەلقىمگە مېنىڭ ئارزۇ ئارمىنىم!

1962 – يىل 8 – ئاينىڭ 10 – كۈنى سايرام

 

      گۈزەل غايە

 

قۇياش كۈلۈپ جىلۋىگەر قىزدەك،

ھەممە ياققا كۈمۈش نۇر يايغان.

نۇر قوينىدا يېشىل مەخمەلدەك،

دالا – قىرلار تاۋلىنىپ يانغان.

 

ئاھ تەبىئەت شۇنچىلىك گۈزەل،

تەلپۈنەتتى مىڭ خىل ناز بىلەن.

دالا بويلاپ ئاقاتتى دەريا

شارقىرىغان نەغمە – ساز بىلەن.

 

شۇ نەغمىنىڭ زوقىنى سۈرۈپ،

ئولتۇراتتىم دەريا بويىدا.

چاچلىرىمنى سۆيۈپ ئۆتەتتى،

سەلكىن شامال تاراپ قولىدا.

 

سۈزۈك سۇدا پىلتىڭلىشاتتى،

شوخ بېلىقلار ئۈزۈشۈپ ھەر يان.

نەگە بارسا ئۆزىنىڭ ئەركى،

گاھ – گاھ شۇڭغۇپ قىلاتتى جەۋلان.

 

بېلىقلارنىڭ ئويناشلىرىنى

كۆرۈپ چوڭقۇر خىيالغا پاتتىم.

يۈرىكىمدە ئاقتى بىر تۇيغۇ،

گۈزەل غايە، ئارزۇدا ياندىم:

 

گۇمران بولۇپ زۇلمەتنىڭ تۈنى،

پۈتۈن ئالەم نۇرغا چۆمۈلسە؛

بېلىقلاردەك ئەركىن يايرىشىپ،

ئىنسانىيەت ئوينىسا، كۈلسە؛

 

ھاسىل بولۇپ شۇندا مۇرادىم،

قەلبىم كۈلۈپ كېتەتتى يايراپ،

ياڭرىتاتتىم خۇشال ناخشامنى،

خۇددى بۇلبۇلگويادەك سايراپ.

1962 – يىل ئاۋغۇست ئىلى

 

سەن مېنىڭ قەلبىمدە جاراڭلىغان ساز

 

ئەي! ئىلى كەلدىممەن گۈل قۇچىقىڭغا،

يىراقلاردىن سېنى سېغىنىپ ئەسلەپ.

تالاي يىل ئايرىلىپ كەتكىنىم بىلەن،

ئەمما مۇھەببىتىم قالمىغاچ پەسلەپ.

 

سەن ماڭا سۆيۈملۈك مۇقەددەس توپراق،

شەربەت سۇلىرىڭنى ئىچىپ ئۆسكەنمەن.

سېنىڭدە چوڭ بولۇپ، كۈچ، ئەقىل تېپىپ،

ھاياتلىق يولىغا سەندە كۆچكەنمەن.

 

ۋەتىنىم ھەققىدە گەر سۈرسەم خىيال،

بولىسەن ئەڭ ئاۋۋال ئالدىمدا پەيدا.

چۈنكى گۈزەللىكىڭ، ساپ ئىشقىڭ بىلەن،

بالىلىق چېغىمدىن قىلغانتىڭ شەيدا.

 

سېنىڭدە مۇھەببەت، ھېسسىيات ئويغىنىپ،

تۇنجى رەت قولۇمغا قەلەم ئالغانمەن.

خەلقىمنىڭ بەختىنى كۆزلەپ ئويلىنىپ،

شېئىرىيەت بېغىغا قەدەم باسقانمەن.

 

شۇڭلاشقا ئەي ئىلى گۈلزارىم – بېغىم،

شەنىڭگە مىڭ داستان يېزىۋەتسەم ئاز.

ئەي مېنىڭ گۈلشىنىم سۆيۈنگەن تېغىم،

سەن مېنىڭ قەلبىمدە جاراڭلىغان ساز.

1962 – يىل ئاۋغۇست غۇلجا

 

      گۈل ۋە بوۋاي

 

بۇلبۇلنى گۈل ئۈچۈن ئاشىق دەيدىكەن،

تەيپۈنەم زاماندىن تارتىپ – ئەزەلدىن.

گۈلنى مەشۇق ساناپ تەرىپلەيدىكەن،

ئاڭلىدىم شائىرلار يازغان غەزەلدىن.

 

مەن بىراق، بۇلبۇلدىن ئارتۇق ئىشقۋاز،

گۈللەرنىڭ شەيداسى، بىر بۇلبۇل كۆردۈم.

قەلبىمنىڭ قېتىدا جاراڭلىدى ساز،

بىر تاتلىق ئىلھامنىڭ پەيزىگە چۆمدۈم.

 

بۇ بۇلبۇل قىشى – ياز بىر جايغا بەنتىكەن،

ئۇچۇپ كەتمەيدىكەن ئىسسىق ياقلارغا.

گۈل تىكىپ، گۈل ئۇلاپ، شاد ياشايدىكەن،

گۈزەللىك بېغىشلاپ يېڭى باغلارغا.

«شۇ گۈلنىڭ ئاشىقى ياش يىگىتمىكىن؟»

دەپ ئويلاپ قالماڭلار: يەتمىشتىكى چال.

شۇنچىلىك تىتىككى ياكى شىرمىكىن،

ھەر قانداق ئىشلارغا يارار بىمالال.

 

«ئەي ئوغلۇم، - دېدى ئۇ، - گۈل خۇمارى مەن،

دەرەخ قېرىسىمۇ يىلتىز قېرىماس!

مەن گۈلنىڭ پەرھاتى – ئاشىق يارى مەن،

مىڭ ياشقا كىرسەممۇ كۆڭلۈم قېرىماس!

 

گۈل ئۈچۈن يۈرىكىم تېپىدۇ ئوقچۇپ،

تاقىتىم تاق بۇلار مىنۇت كۆرمىسەم.

بولىمەن ھىجرانلىق دەردىدە سەرسان،

گۈل بىلەن مۇڭدىشىپ بىللە يۈرمىسەم.»

 

شۇ گۈلچى بوۋاينىڭ بېغىغا كىرىپ،

مەن كۆردۈم گۈللەرنىڭ ئۈچ يۈز خىلىنى.

گۈزەللىك ئىشقىدا لاۋادەك يېنىپ،

گۈل ئۈچۈن پىدائىي قىپتۇ جېنىنى.

 

گۈل ئۈچۈن ئىشلىگەچ يازىن ۋە قىشىن،

بوۋايمۇ گۈپۈلدەپ گۈل پۇرايدىكەن.

شۇڭلاشقا بوۋاينى كۆرگەن ھەر كىشى،

جىسمىڭىز ئىپارمۇ؟ – دەپ سورايدىكەن.

1962 – يىل 8 – ئاي غۇلجا

 


 

   يېڭى باغنىڭ ئىلھامى

         (مۇستەھزاد)

 

ئىلى دەريا بويىدا بىر باغنى كۆردۈم،

چىرايلىق گۈزەل.

ئاھ، ئاجايىپ گۈزەللىك زوقىنى سۈردۈم،

ياڭراتتىم غەزەل.

گۈزەل باغنى ئارىلاتتى مېنى باغۋەن قىز،

ئۆزى باشلاپ يول.

ياش قەلبىمدە قالدۇردى مەڭگۈ ئۆچمەس ئىز،

شۇ چېچى سۇمبۇل.

مەڭزى گويا يېڭىلا پىشقان توغاچتەك،

ئىسمى ئانار كەن.

ئەمگەك دېسە يۈرىكى خۇددى قۇياشتەك،

ئويناپ ياناركەن.

باغ ئىچى گۈل، شۇ گۈللەر تەلپۈنۈپ باقار،

ئىپار ھىد تۆكۈپ.

ئېرىقلاردا شىلدىرلاپ سۈزۈك سۇ ئاقار،

قىرغاقنى سۆيۈپ.

بىر تەرىپى ئالمىزار شۇنچىلىك تولا،

تىزىلغان رەتلىك.

بىر تەرىپى شاپتۇللۇق، ھەر بىر شاپتۇلا،

نەشپۈتتەك ئەتلىك.

بىر تەرىپى ئۈزۈم زار ۋايىغا يەتكەن،

شۇنچىلىك بۇلۇق.

باغنىڭ چېتى ئۇپۇققا تۇتۇشۇپ كەتكەن،

كۆز يەتمەس تۇلۇق.

— سىزنى ئاۋۋال باشلىدىم بۇ يېڭى باغقا،

ئارىلاپ چىقىڭ.

كەڭ كۇشادە ئۆزىڭىز قول سېلىپ شاخقا،

مېۋىگە بېقىڭ.

—رەھمەت سىڭلىم، دېدىم دە، شاخقا ئېسىلدىم،

بويۇمنى سوزۇپ.

سەرخىل ئەنجۈر، شاپتۇلدىن قانغۇچە يېدىم،

پوستىنى سويۇپ.

تاڭلىيىمدا شاخ مانتىسى ئېرىدى قەندەك،

شەربىتى ئېقىپ.

يۈرىكىمدىن ھېسسياتلىرىم ئۇرغۇدى سەلدەك،

دولقۇنلاپ تېشىپ.

چاڭ – چاڭ ئۇرغۇپ، نەغمە قىلىپ سايرايتتى بۇلبۇل،

بەك ھاياجانلىق.

—بېغىڭىزنىڭ مېۋىسى، - دېدىم، - ئانار گۈل،

نېمانچە تاتلىق.

—بەش يىل بۇرۇن قاراڭ، بۇ يەر قاغجىراپ ياتقان،

چاتقاللىق ئىدى.

بىر يىقىنى سۇ بېسىپ، زەيكەش نام ئالغان،

پاتقاقلىق ئىدى.

غەيرەت قىلىپ بىزنىڭ يېزا ئەزىمەتلىرى،

ئاققۇزۇپ تەرنى.

گۈل – چېچەككە قاپلىتىپ باغقا ئۆزگەرتتى،

شۇ خاراب يەرنى.

ئەمگەك بىزنىڭ پالۋانلار ئىرادىسىنى،

گويا تاغ قىلدى.

شۇ ئىرادە يېڭى باغنىڭ مېۋىلىرىنى،

سېرىق ياغ قىلدى.

ئەمگەك بىلەن مېۋىلەرنىڭ شاھىغا يەتتۇق،

تەمى – بال، قايماق.

يېڭى باغنى ياراتتۇق ۋە ھۆسن بەردۇق،

بىز مانا شۇنداق.

ئىلى دەريا بويىدا بىر باغنى كۆردۈم،

ھۆسنى بەك گۈزەل.

ئاھ ئاجايىپ گۈزەللىك زوقىنى سۈردۈم،

كۈيلىدىم غەزەل.

 


 

شۇ گۈلچى ھۆسنىگە قىلىمەن ھەۋەس

 

بەزىلەر دېيىشىدۇ: «گۈل خۇيمۇ گۈزەل

ئۆتمەيدۇ ھېچ نەرسە ئۇنىڭ ئالدىغا.»

ئەجەبا، ئېلىشماي ھەممىدىن ئاۋۋال

شۇ گۈلنى ئۆستۈرگەن قولنى يادىغا!

 

مېنىڭچە مىڭ ھەسسە گۈزەل بارىدىن،

شۇ گۈلنى ئۆستۈرگەن قاداقلىق قوللار.

شۇ پولات قوللارنىڭ ئەمگەك تەرىدىن،

پاراۋان تۇرمۇشقا سېلىنغان يوللار.

 

شۇ پولات قوللارسىز ئالەم گۆرىستان،

شۇ پولات قوللارسىز خازاندۇر باغلار.

شۇ پولات قوللارسىز بولماس گۈلىستان،

بى پايان چۆللۈكلەر، شور قاقاس تاغلار.

 

شۇ پولات قوللارسىز گۈزەللىك يوقتۇر،

شۇ پولات قوللارسىز كۈلمەس باھار، ياز.

شۇ پولات قوللارسىز ساڭلار قۇرۇقتۇر،

شۇ پولات قوللارسىز جاراڭلىماس ساز.

 

شۇ پولات قوللارسىز كۆرسەتمەس جامال،

ئەپسانە خىيالدەك بەخت – سائادەت.

شۇ پولات قوللارسىز جانلىنىپ زاۋال،

قاپلايدۇ ھاياتنى قايغۇ – پالاكەت.

 

شۇ پولات قوللارسىز تىك تۇرۇپ دۇنيا،

ھەتتاكى دەقىقە سۈرەلمەس ئۆمۈر.

شۇ قولسىز يەر يۈزى مۇز كۆلگە گويا

ئايلىنار چىقماستىن گاز، نېفىت، كۆمۈر.

 

قىلىپ ئەمگىكىدە جاھاننى جاھان،

نۇر، ھايات ياغدۇرۇپ تۇرغان شۇ قوللار.

شۇ پولات قوللارنىڭ شەنىگە داستان،

ئوقۇيدۇ چىمەنزار باغدا بۇلبۇللار.

 

شۇ قول ئىگىسىنى قۇدرەتلىك قىلىپ،

دۇنياغا كەلتۈرگەن، ياراتقان ئاللاھ.

شۇڭلاشقا ئاللاھنىڭ

پۈتۈن كائىنات،

قۇدرىتى – كۈچىگە دەيدۇ ھەشقاللا.

 

تومۇزدا قۇدۇقتىن سۇ ئىچىپ مۇزدەك،

باسقاندا چاڭقىغان ئوتلۇق يۈرەكنى.

ئەڭ ئاۋۋال بىر ئەسلەپ ئۆتمەكلىك كېرەك،

شۇ ئېسىل قۇدۇقنى قازغان بىلەكنى.

 

بەزىلەر دېيىشىدۇ: «گۈل بەك چىرايلىق.»

ئۇ بىراق چىرايدا ئەڭ ئالدى ئەمەس!

بۇ تەبىر گۈل ئەككەن گۈلچىگە لايىق،

شۇ گۈلچى ھۆسنىگە قىلىمەن ھەۋەس!

1962 – يىل 8 – ئاي ئىلى غۇلجا

 

   شارقىراتما بويىدا

 

ياز كۈنلىرى چىقتىم سەيلىگە،

ئانا توپراق باغرىڭنى كېزىپ.

ئىدىر، قىرلار ئاشتىم ھەۋەستە،

مەن ئۈزۈمنى بىر سەيياھ سىزىپ.

 

تەبىئەتنىڭ جىلۋىلىرىنى،

يۈرىكىمگە سىزىپ ماڭىمەن.

ۋەتەن ئىشقى قەلبىمدە قايناپ،

دىل ئۈنچىسىن تىزىپ ماڭىمەن.

ئانا ۋەتەن گۈزەللىكىنى،

مەن بارىمەن كۆزۈمدە ئېمىپ.

قانات قاقتى يۈرىكىم بىردىن،

ھېسسياتلىرىم گۈلخاندەك يېنىپ.

 

گۈل باغرىڭنى كېزىپ ۋەتىنىم،

جەنۇبى تاغ قوينىغا كەلدىم.

ئېگىز تاغدىن مەرۋايىت چاچقان،

شارقىراتما بويىغا كەلدىم.

 

ھەيرەت، ئېگىز، قىيا چوققىدىن،

كۈمۈش پەردە يەرگە ئاقىدۇ.

شۇ پەردىگە باغرىنى يېقىپ،

سېرىق قۇچقاچ قانات قاقىدۇ.

 

قانات قاققان قۇچقاچلا ئەمەس،

ئويناپ كەتتى مەندىكى يۈرەك.

كۈمۈش مونچاق ھەريان چاچرىسا،

يايراپ كەتتىم، كۈلگەندەك تىلەك.

 

شارقىراتما بويىدا سەگىپ،

خىياللارنىڭ قوينىغا چۆكتۈم.

كۈلدۈرسەم دەپ ئەزىز خەلقىمنى،

بىر ئارزۇنى قەلبىمگە پۈكتۈم.

1963 – يىل ئۈرۈمچى — جەنۇبى تاغ شارقىراتما بويى

قەلبىمگە مىسلىسىز يالقۇن تۇتاشتى

          (تەبىئەت لىرىكىسى)

 

گۈزەل ياز چاغلىرى جەنۇبى تاغدا،

شارقىراتما بويىدا قىلدىم سەيلىنى.

بۇ كۆركەم تاغلارنىڭ ھۆسنى – جامالى،

يالقۇنلۇق قەلبىمنىڭ تارتتى مەيلىنى.

 

كۈمۈش پەردە كەبى شوخ شارقىراتما،

ئېگىز تاغ ئۈستىدىن چۈشەتتى سەكرەپ.

بويىدا ئولتۇردۇم، سەگىدى تىنىم،

ماڭا سۇ چاچقاندەك نەچچە چېلەكلەپ.

 

جىلغىلار بەئەينى گۈلزارلىق ئىدى،

گۈللەر ۋە سۇمبۇللار كەتكەن چېچەكلەپ.

چوغلۇقلار قىستۇرۇپ قۇلاقلىرىغا،

بۈلدۈرگەن تېرەتتى قىزلار ئېتەكلەپ.

 

كۆپ كۆك قارىغاينىڭ شېخىغا قونۇپ،

قاناتلىق كۈيچىلەر ئوقۇيتتى غەزەل.

ياپ يېشىل دالالار ئوينايتتى ئۇسۇل،

كىمخاپتىن تون كىيىپ، ياسىنىپ گۈزەل.

قاپتاللار ئۈستىدىن كېلىپ تۇراتتى،

پادىچى يىگىتنىڭ ناخشا ساداسى.

ناخشىغا جور بولۇپ مەيىن شاماللار،

قىزىغان يايلاقنىڭ نەغمە – ناۋاسى.

 

ئاجايىپ ساپ ئىدى، خۇشپۇراق ئىدى،

گوياكى ئىپاردەك تاغنىڭ ھاۋاسى.

يېقىملىق ساپ ھاۋا، گۈلشەن مەنزىرە،

چارچىغان تېنىمنىڭ بولدى داۋاسى.

 

شۇ جەنۇب تېغىنىڭ بوستان جامالى،

كۆڭلۈمنى ياشناتتى، زېھنىمنى ئاچتى.

بۇ ئانا تۇپراققا چەكسىز مۇھەببەت،

ئۇلغىيىپ قەلبىمگە يالقۇن تۇتاشتى.

1963 – يىل ئاۋغۇست جەنۇبى تاغ

 

     راۋابىم

 

سايرىغىن جۇشقۇن راۋابىم،

سايرىغىن خەندان ئۇرۇپ.

ئەي مېنىڭ دىلدار نىگارىم،

سايرا شوخ مەرغۇللىنىپ.

خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە،

قوزغىغىن زوق – ئىشتىياق.

دۈشمىنىمىز كۆكسىگە،

سانجىل بولۇپ خەنجەر پىچاق.

 

سايرىغىن ئەۋلادلىرىڭنىڭ

روھىنى جانلاندۇرۇپ.

خەلقىمىزنى سەن جەسۇر

جەڭچىگە ئايلاندۇرۇپ.

 

سايرىغىن ياڭراق راۋابىم،

سايرىغىن قۇلۇمدا سەن!

بول مېنىڭ غالىب قورالىم،

جەڭگىۋار يولۇمدا سەن!

 

   تەمبۇرۇم

 

سەن كۆڭۈلنىڭ ئۇزۇقى،

دىل خۇمارىم تەمبۇرۇم.

مەرغۇلۇڭدىن ئايلىناي،

تىل خۇمارىم تەمبۇرۇم.

 

بىزگە بىرەر كۈچ – قۇۋۋەت،

زىلۋا، نازۇك ئۈنلىرىڭ.

بۇ ئۇزۇن مۈشكۈل سەپەردە،

ياڭرىسۇن شوخ كۈيلىرىڭ.

 

كۈيلە پارلاق غايىمىزنى،

خوش جاراڭلاپ شوخلىنىپ.

خەلقىمىزنىڭ قەلبى بول،

دۈشمەنگە ئاتەش چوغ بولۇپ.

 

سايرىغىن مەرغۇللىنىپ،

دىل خۇمارىم تەمبۇرۇم!

ياڭرىغىن ئالەم – زېمىندا،

جان نىگارىم تەمبۇرۇم!

1964 – يىل ئۈرۈمچى

 

         ساڭا مەدھىيە

 

يەرنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن سۇ ئاققۇزغان ئەجرىڭگە،

ئاپىرىن دەپ، مەن سېنى قاتقۇم كەلدى ناخشامغا.

ئەل ئىشىغا ئاتالغان ئوتلۇق ئىشقىڭ تەپتىدىن،

تولدى مېنىڭ يۈرىكىم بىر يالقۇنلۇق ئىلھامغا.

تونۇر ئوخشاش ۋادىنىڭ تەشناسىنى قاندۇرۇپ،

كۈلدۈرۈپسەن چۆللەردە گۈل – گۈلىستان باغلارنى.

باغۋەنلەردەك پەپىلەپ ھەر تال ئالتۇن باشاقنى،

مول ھوسۇلدىن تىكلەپسەن خانتەڭرىدەك تاغلارنى.

 

كارىزلارغا پاتماستىن ئۆركەشلىگەن ئۇلۇغ سۇ،

پېشانەڭدىن تامچىلاپ ئاققان كۈمۈش تەر ئىكەن.

شۇ تەر بىلەن كەڭ زېمىن كىمخاپ كۆينەك كىيىپتۇ،

(ئەسلى قاقاس، جەزىرە، گىياھ ئۈنمەس يەر ئىكەن.)

 

ساڭا يۈزمىڭ ئاپىرىن، جاننى پىدا قىلىپسەن،

تۆككەن تامچە تەرىڭدە كۆزلەپ ۋەتەن بەختىنى.

كۆردۈم سەندە نۇرانە كېلەچەكنىڭ ئىشقىدا،

كۈرمىڭلىغان دېھقاننىڭ ئۆركەشلىگەن قەلبىنى.

 

قايىل بولدۇم ئەقلىڭگە، ئەي دەۋرىمىز پەرھاتى،

يۈرىكىمدىن دولقۇنلاپ ئاقتى قايناپ مەدھىيە.

چەكسىز ھۆرمەت – ئېھتىرام، مۇھەببەتلىك دىل بىلەن،

شۇ شېئىرىمنى تۇتىمەن قىلىپ ساڭا ھەدىيە.

1964 – يىل ئىيۇل تۇرپان

 


 

   بىر ساپاق ئۈزۈم

 

باغقا كىرسەم شۇ باغۋەن بوۋاي،

ماڭا سۇندى بىر ساپاق ئۈزۈم.

مەرۋايىتتەك يالتىرلىشىدىن،

قاراپ – قاراپ قاماشتى كۆزۈم.

 

— قېنى ئېغىز تەككىنە ئوغلۇم،-

دېدى، - باغنىڭ بۇ نېمىتىگە.

دولقۇنلىنىپ كۈمۈش ساقىلى،

نۇر يېيىلدى ئىككى بېتىگە.

 

— رەھمەت، - دېدىم ئاغزىمغا سېلىپ،

كەھرىۋادىن بىر نەچچە تالنى.

تامىقىمدا ئېرىپ شور قىلىپ،

ئۇ ئەسلەتتى ساپ، يېڭى بالنى.

 

مەن سورىدىم باغۋەن بوۋايدىن:

— ئەجەب بۇنىڭ تەمى باشقىچە،

مۇنداق شېرىن، سەرخىل ئۈزۈمنى،

كۆرمىگەنتىم مۇشۇ ياشقىچە.

 

—ئوغلۇم، - دېدى بوۋاي زوقلىنىپ،

ئەجرى قىلدۇق تەر تۆكۈپ تەككە.

شېرىنلىكنىڭ ئۆزى ئامراقكەن،

قېتىرقىنىپ قىلغان ئەمگەككە.

 

باغۋەن سۇنغان بىر ساپاق ئۈزۈم،

يۈرىكىمگە بىر تۇيغۇ سالدى.

گويا مېنى بىر ئىللىق ئارزۇ،

پەرى بولۇپ قوينىغا ئالدى.

 

يېتىلدۈرسەم ئاشۇ باغۋەندەك،

ئۆز شېئىرىمدىن بىر ساپاق ئۈزۈم.

مۇرادىمغا يېتەتتىم شۇ چاغ،

كۈلۈپ ۋەدەم،

نۇرلىنىپ يۈزۈم.

1964 – يىل 8 – ئاي تۇرپان

 

        گۈللە بوليۇق

 

بوليۇق، سېنىڭ داڭقىڭنى ئاڭلىغانتىم كۆپ قېتىم،

بىراق، دىدار كۆرۈشكە بولمىغانتى پۇرسىتىم.

 

سېنىڭ ئىسسىق قوينۇڭغا كەلدىم بۈگۈن كۆرگىلى،

كۆرۈپ گۈزەل ھۆسنۈڭنى گىرە سېلىپ سۆيگىلى.

 

چىقىپ تىك تاغ ئۈستىگە مەن سەيلىنى باشلىدىم.

جامالىڭغا زوق بىلەن تويماي نەزەر تاشلىدىم.

 

سەندە كۆردۈم گۈللەرگە تولغان ئېسىل بېھىشنى،

بىلمەي قالدىم شادلىقتا ھەتتا نېمە دېيىشنى.

 

شۇنچە گۈزەل ئىكەنسەن توقۇپ قويغان كەشتىدەك،

ھەممە يىقىڭ چىرايلىق گوياكى گۈلدەستىدەك.

 

خۇددى يېشىل دېڭىزدەك تۇتاش كەتكەن تەكلىرىڭ،

مەخمەل تونغا پۈركەلگەن بى پايان ئېتەكلىرىڭ.

 

زۇمرەت ئاسمان تېگىدە جىلۋە قىلار باغلىرىڭ،

باغلىرىڭنى قورشىغان ئىككى ياندا تاغلىرىڭ.

 

ئاقىدىكەن ئۆستەڭلەر قۇچىقىڭدا شارقىراپ،

بۇلاقلىرىڭ چاپىدۇ ئېتىزلارغا ئالدىراپ.

 

ئارام بەخش شامىلىڭ تىنمايدىكەن غىرىلداپ،

ئالما، ئۆرۈك، تەكلەرنىڭ قۇلىقىغا شىۋىرلاپ.

باغۋىنىڭغا دەيدىكەن: «چاپ كەتمەننى، راسا چاپ،

يەلپۈپ قوياي يۈزۈڭنى، ئەمگىكىڭدە كامال تاپ!»

 

چۈنچىلىرىڭ بەئەينى ئوخشايدىكەن راۋاققا،

گۈل باغلىرىڭ لايىقكەن جەننەت دېگەن ئاتاققا.

 

ئەنجۈرۈڭنى يېگەنتىم تىللىرىمدىن بال ئاقتى،

قىزىل سايۋا ئۈزۈمىڭ يۈرىكىمگە خۇپ ياقتى.

 

تەڭ قىلمىدىم ھەسەلنى شاپتۇللىرىڭ تەمىگە،

قايىل قالدىم ئەمگەكچى دېھقىنىڭنىڭ پەمىگە.

باغۋىنىڭغا يۈرەكتىن ئاقتى ئالقىش – رەھمىتىم،

بارىكاللا! دېدىم مەن غەيرىتىڭگە مىڭ قېتىم.

ئايلىنىپسەن تۇرپاننىڭ ئىپتىخارى – شانىغا،

ئايلىنىپسەن شەربەتلىك نەشپۈت – ئۈزۈم كانىغا.

 

گۈللە يانا، ئەي بوليۇق، شان – شەرىپىڭ ئۇلغايسۇن!

دوستۇڭ كۈلۈپ، دۈشمىنىڭ زەھەر يۇتۇپ تولغانسۇن.

 

گۈل جامالىڭ قەلبىمنىڭ دەپتىرىگە سىزىلدى،

ساڭا مۇشۇ غەزىلىم سوۋغا قىلىپ يېزىلدى.

1964 – يىل ئاۋغۇست تۇرپان

      ئانا خۇشاللىقى

 

ئانا خۇشال ئېلىپ كەلدى يەتتە ياشلىق ئەقىللىق،

بۇدرۇققىنا ئوغلىنى مەرىپەتنىڭ بېغىغا.

تۇنجى يۈرەك پارىسى«مەكتەپ بۇمۇ» دېگەندە،

شۇ ئانىنىڭ شادلىقى سىغماي قالدى قېنىغا.

 

كۈلۈمسىرەپ يېقىملىق، خۇش خۇي چىراي مۇئەللىم،

—«كېلىڭ!» دېدى ھۆرمەتلەپ قەلبى يانغان ئانىغا.

چوڭقۇر مېھرى – مۇھەببەت  يالقۇنلىغان كۆز بىلەن،

چىقتى بىر قۇر زەن سېلىپ شاگىرىت چېغى – بالىغا.

 

—ئىسمىڭىز كىم، ئېيتىڭا، قانچىدە، دەپ يېشىڭىز،

سوئال قويدى ئۇستازى ساۋۇت جانغا زوقلىنىپ.

جاۋاب بەردى ساۋۇت جان چۈچۈك تىلدا چاقماقتەك،

رازى بولدى ئۇستازى چىن كۆڭلىدىن خۇش بولۇپ.

 

—رەھمەت، دېدى مۇئەللىم كۈلۈپ تۇرغان ئانىغا،

ئۆستۈرۈپسىز بالىڭىزنى ئەقىللىق ۋە ئەدەپلىك.

ساۋۇت جانغا قول قويدۇم، چېۋەر بالا بولۇپتۇ،

ياخشى ئادا قىلىپسىز بۇرچىڭىزنى شەرەپلىك.

 

بالىلارنى كۆچەتتەك پەپىلەپ تېز ئۆستۈرۈش،

تارىخ، ۋەتەن ئالدىدا ئەڭ مۇقەددەس قەرزىمىز.

مەيلى ئۆيدە، مەكتەپتە ئېسىل ئەخلاق، پەن بىلەن،

يېتىشتۈرمەك ئۇلارنى ۋاجىپ ئەمەس، پەرزىمىز.

 

چۈنكى يۇمران بالىلار بىزنىڭ پارلاق ئەتىمىز،

چۈنكى ئۇلار كېلەچەكنىڭ ئالىم يىگىت – قىزلىرى.

شۇلار بىلەن كەلگۈمىز مەڭگۈ يورۇق قۇياشتەك،

نۇرلىنىدۇ ئۆچمەيدۇ ئەجدادلارنىڭ ئىزلىرى.

 

شۇ سۆز بىلەن ئانىنىڭ ئۆركەش ياساپ تىلىكى،

ياندى ئۆيگە قارلىغاچتەك قانات قېقىپ يۈرىكى.

1964 – يىل ئاۋغۇست ئۈرۈمچى

 

      مېھرىگۈلگە

 

سۆيۈملۈك دىلدارىم، گۈزەل مېھرىگۈل،

شادلىقىم، ئارامىم، گۈزەل مېھرىگۈل.

گۈل چىمەن باھارىم ئوماق مېھرىگۈل،

جۇش ئۇرغان ئىلھامىم ئويناق مېھرىگۈل.

 

سېغىندىم، سېغىندىم سىزنى كۆپ ئەسلەپ،

توقسۇندا ئەڭ يىراق يېزىدا تۇرۇپ.

مېھرىڭىز، ئىشقىڭىز دەريا، دېڭىزدەك،

ئاقماقتا قەلبىمدە قايناپ جۇش ئۇرۇپ.

 

سىز بىلەن ھاياتتا مەڭگۈ بىللە مەن،

چاچلىرىم ئاق قاردەك بولۇپ كەتكۈچە.

سىزگە چىن ۋاپادار بولۇپ قالىمەن،

تىنىقلىرىم توختاپ ئۆلۈپ كەتكۈچە.

1965 – يىل 9 – سېنتەبىر توقسۇن يىلانلىق يېزىسى

 

    ئوغلۇم دىلشاتقا

 

يۈرىكىم پارىسى ئامرىقىم دىلشات،

گويا خام قايماقتەك تاتلىقىم دىلشات،

ئەڭ ئالىي، قىممەتلىك بايلىقىم دىلشات،

سېنى بەك سېغىندىم پاقلىنىم دىلشات.

يېتىلگىن خۇش پۇراق  گۈل غۇنچە بولۇپ،

تۇلۇنئاي مىسالى ھۆسنۈڭگە تولۇپ،

مەن قايتىپ بارغىچە ئۆسۈپ ئۇلغىيىپ،

تەلپۈنگىن «دادا» دەپ قولۇڭنى سۇنۇپ،

سېنى بەك سېغىندىم يىراقتا تۇرۇپ.

1965 – يىل 9 – سېنتەبىر توقسۇن يىلانلىق

   كۆردۈم گۈزەل بىر قىزنى

 

كۆردۈم گۈزەل بىر قىزنى گۈلشەن يېزا – بوستاندا،

تۈگىمەيدۇ تەرىپى كۈيلىگەنگە داستاندا.

 

ئۆزى كەمتەر، خوش پىل، بەك يېقىملىق كۈلكىسى،

دەيدۇ ئۇنى دېھقانلار: ئىشچانلارنىڭ ئۈلگىسى.

 

ئۆزى بەكمۇ ئەمگەكچان، ئەمگەك دېسە پەرۋانە،

شىجائىتى تاغدەك چوڭ، كۈرەشلەردە مەردانە.

 

مەن – مەن دېگەن يىگىتكە كەتمەن چاپسا تەڭ كېلۇر،

ناخشا ئېيتسا بۇلبۇلدەك شوخ ئاۋازى چاڭ كېلۇر.

 

دەيدۇ – بوۋاي، مومايلار: ئىش – ئەمگەكتىن نۇر ياغار،

ئەمگەك سۆيگەن ئىشچاننىڭ گۈزەللىكى ئۇلغىيار.

 

مىسالىنى ئىزدىسەڭ مانا بىزنىڭ چولپان قىز،

قايناق ئەمگەك قوينىدا گۈل ھۆسنىگە تولغان قىز.

 

ياش يىگىتلەر ئوقۇشار قىزغا ئاتاپ ناخشىنى،

قىز شەنىگە مەدھىيە ياڭرار كۈندۈز – ئاخشىمى.

ئوماق، گۈزەل قىز كۆردۈم يىلانلىق بوستاندا،

تۈگىمەيدۇ تەرىپى كۈيلىگەنگە داستاندا.

1965 – يىل ئۆكتەبىر توقسۇن

 

  ئېچىشتى يۈرىكىم

 

دىۋانە، غېرىبلار كۆپىيىپ كەتتى،

شەھەرنىڭ ھەر دوقمۇش، كوچىلىرىدا.

دۈگدىيىپ ئولتۇرۇپ سەدىقە تىلەر،

جۇل – جۇل كىيىمى بار ئۇچىلىرىدا...

 

قەھرىتان سوغۇقتا توڭمامدۇ ئۇلار،

ياكى يۈرىكىدە لاۋۇلدامدۇ ئوت؟!

ئۇلارمۇ ئوخشاشلا قىممەتلىك ئىنسان،

ئەمەسقۇ لاي بىلەن ياسالغان بىر بۇت.

 

بىر ئەما ئايالنىڭ بەش ياشلىق قىزى،

ئولتۇرار «پاتىمەم» ناخشىسىن ئوقۇپ.

ناخشىدىن توختىسا مۇبادا ھېرىپ،

ئانىسى: «ئوقۇ!» دەپ قويىدۇ نوقۇپ.

 

يۈزلىرى كۆكەرگەن قاننىڭ ئەپتى يۇق،

تەلمۈرەر ھەر يانغا بوينىنى قىسىپ.

تەنلىرى ياپراقتەك دىرىلداپ تۇرار،

ئاچچىق شىۋىرغاننىڭ نەشتىرى چېقىپ.

 

بەزىلەر رەھىم قىپ بىرەر بەش تىيىن،

بەزىلەر زەن سالماي كېتەر يولىغا.

ھاياتتا ئەڭ ئېغىر پاجىئە ئىكەن،

تەلمۈرۈپ قالماقلىق كىشى قولىغا.

 

يۈرىكىم ئېچىشتى بۇ ھالنى كۆرۈپ،

قەلبىمنى ئۆرتىدى بىر ئاچچىق پىغان.

ئاقتى ياش كۆزۈمدىن

ئايلاندى مېڭەم،

ئالدىمنى باسقاندەك قاراڭغۇ تۇمان.

 

ئويلىدىم ئاپەتلىك بۇ بىر مەنزىرە،

ئۇزاققا قالماستىن تۈگىسۇن، پۈتسۇن!

كىشىنى خار قىلغان زۇلمەت تۈزۈمنى،

يەر – زېمىن ئۆزىنىڭ قەھرىگە يۇتسۇن!

1966 – يىل 1 –ئاي ئۈرۈمچى

 


 

  ساڭا ئاشىق بولۇپ قالدىم

 

               1

كۆك ئاسمانغا غۇلاچ ئاتقان ئەي تەلكە تېغى،

ئەي ئېلىمنىڭ كەڭ يايلىقى، گۈلىستان بېغى.

 

يىراقلاردىن ئارزۇ قىلىپ كۆرمەككە سېنى،

كەلدىم گۈزەل ئىتىكىڭگە سۆيمەككە سېنى.

 

كۆرۈپ سېنىڭ بۇك – باراقسان ئۇز جامالىڭنى،

كۆرۈپ رەڭدار جىلۋىلەنگەن گۈل نىھالىڭنى.

 

ۋۇجۇدۇمنى مىڭ كۆز قىلىپ زوق بىلەن باقتىم،

ھېس – ھاياجان دەرياسىغا چۆمۈلۈپ ئاقتىم.

 

قەلبىم ساڭا مەدھى ئوقۇپ ياڭراتتى غەزەل،

سەن نېمانچە چىرايلىقسەن، نېمانچە گۈزەل.

 

تىل يەتمىدى گۈل ھۆسنۈڭنى تەسۋىرلەي دېسەم،

قۇچاقلىرىڭ كەشتىلەنگەن قىپقىزىل گىلەم.

 

چوققاڭدىكى كۈمۈش رومال كۆز چاقار نۇردەك،

قاپتاللىرىڭ گۈزەل، زىبا گوياكى توزدەك.

 

قارغايلىرىڭ تۇرار مەغرۇر قەددىنى رۇسلاپ،

ئاق بۇلۇتتەك ئۈزەر ماللار باغرىڭنى بويلاپ.

 

مەرۋايىتتەك سۇلار ئاقار سەندە چۇرۇقلاپ،

ئالماس كۆزلۈك بۇلاقلىرىڭ قاينار بۇلدۇقلاپ.

 

جىلغىلىرىڭ باراقسانلىق سۇمبۇللار، تاللار،

مېنى چەكسىز قىلدى مەپتۇن ئالمىلىق باغلار.

 

ھەربىر ئالماڭ جۇلاسىدىن چاقنايدۇ كەڭ ساي،

تەڭلىشەلمەس چاقنىشىغا يۇلتۇز بىلەن ئاي.

 

قۇچاقلىرىڭ چۆمۈپ كەتكەن خۇشخۇي پۇراققا،

سەلكىن شامال ئالما ھىدى ئۇرار دىماغقا.

 

سەن ئوخشايسەن مول نېمەتلىك ئالتۇن تاۋاققا،

شۇڭا نامىڭ كەتتى تاراپ يېقىن – يىراققا.

 

               2

ۋەتىنىمنىڭ جامالىنى سېنىڭدە كۆردۈم،

تەبىئەتنىڭ كامالىنى سېنىڭدە كۆردۈم.

كۆكسۈڭدىكى چوغلۇقلارغا مەسلىكىم كەلدى،

شوخ كېيىكتەك قۇچىقىڭدا سەكرىگۈم كەلدى.

 

سېنى كۆرۈپ ئاپپاراتقا ئايلىنىپ قەلبىم،

سۈرىتىڭنى تارتىۋالدىم، بۇ ساڭا تەقدىم.

 

گۈزەل ھۆسنۈڭ يۈرىكىمگە سىزىلىپ قالدى،

بىر جاراڭلىق ئوتلۇق ناخشا يېزىلىپ قالدى.

1967 – يىل 24 – ئىيۇن غۇلجا – تەلكە

 

      بارلىقىم تەقدىم ساڭا

 

سەن ھاياتلىق شەربىتى بەرگەن گۈلىستانىم ماڭا،

بىر ئۆمۈر بولسۇن پىدا بۇ ئەزىز جانىم ساڭا.

 

مېنى مەپتۇن ئەيلىدى گۈللۈك گىلەمدەك باغلىرىڭ،

باغلىدىم ئوتلۇق مۇھەببەت بۇلبۇلىستانىم ساڭا.

 

يۈرىكىم ئىشقىڭدا شەيدا، تەلپۈنەر قانات قېقىپ،

مەڭگۈگە پەرۋانىدۇر مەن باغۇ بوستانىم ساڭا.

 

كۈچ، مادارىم، بارلىقىم، قەلبىمنى تەقدىم ئەيلىدىم،

قوينى گۈل، ئالتۇن بۆشۈكۈم، يەرۇ ئاسمانىم ساڭا.

 

كاككۇكۇڭ مەن، بۇلبۇلۇڭ مەن زوق بىلەن سايرايدىغان،

كۈيلىرىم دەريا بولۇپ ئاققاي قەدىردادىم ساڭا.

 

قانچە باقسام قانمىقىم تەس ۋەسلى رۇخسارىڭغا مەن،

بايلىقى ئالەمگە مەشھۇر، سەرۋى جانانىم ساڭا.

 

مەن ئۆزۈمنى سىزىمەن ئالەمدە چەكسىز بەختىيار،

قان – تېرىمدىن گۈل – چېچەك قىسسام دىلىستانىم ساڭا.

 

ئۆرگۈلەي بولسۇن تەسەددۇق تىنىقىمدىن قالغۇچە،

ئەقلى، زېھنىمنىڭ كۈچى ھەم تەندە دەرمانىم ساڭا.

 

سەن ئۈچۈن جاپا، ئۆلۈمنى سىزىمەن راھەت، شەرەپ،

ئەقلى ئىدراك، كۈچ، جاسارەت ھەممە ئىمكانىم ساڭا.

 

سېنى قۇتقۇزماق ئۈچۈن جەڭلەر ئارا ئات سالىمەن،

يېڭىمەن ياۋنى چوقۇم، بۇ – ئەھدۇ پەيمانىم ماڭا.

 

سەنسىز ئەگەر مىڭ ياشىسام، قىممىتى بىر كۈنچە يوق،

سەن ئۈچۈن بولسۇن بەخش تەندىكى قانىم ساڭا.

 

ماڭا سىڭگەن بىھېساب ئەجرىڭ پەقەت بولماس ئادا،

بىر ئۆمۈر يېزىلسىمۇ گەر شېئىرى داستانىم ساڭا.

1969 – يىل كۇچار

 

      يېڭى بىر يىلدا

 

يېڭى يىل ئاخشىمى مۇڭداشتى كېلىپ،

ئون ئىككى رەقەمگە سائەتنىڭ تىلى.

مۇبارەك بولسۇن دەپ جىلۋىلەر قىلىپ،

باشلاندى يۇرتۇمنىڭ يېڭى بىر يىلى.

 

يېڭى يىل يېڭىچە ئۈمىد تۇغدۇرۇپ،

يېڭىچە جاسارەت ئەيلىدى بەخش.

كۆڭۈلدە يۇلتۇزدەك پىلان ئويغىتىپ،

يۈرەككە كەشتىدەك چەكتى گۈل نەقىش.

 

نۇرانە مەنزىلنىڭ مۇساپىسىدە،

جەڭگىۋار ھەر بىر يىل بىر ئالتۇن كۆۋرۈك.

جاپالىق كۈرەشنىڭ زەپەر – شانىدا،

شۇ ئالتۇن كۆۋرۈككە قويىمىز تۈۋرۈك.

 

ياشايمىز ئالەمدە چىن ئىنسانغا خاس،

جەڭگىۋار يىللاردا بەيگىدە ئۈزۈپ.

ئاسىمىز ۋەتەننىڭ بوينىغا مارجان،

ۋاقىت دېڭىزىدىن مەرۋايىت سۈزۈپ.

 

ھۆرلۈكنىڭ يولىدا مەردانە قەدەم،

تاشلايمىز مۇبارەك يېڭى بىر يىلدا.

جەڭگاھلار مۇقامى يېڭى بىر ئەجەم،

دەريادەك ئۆركەشلەپ ئاقماقتا دىلدا.

1969 – يىل  ئۈرۈمچى

 

     ئۆتسەم ئىدىم

 

باقسا پىلە قۇرتىنى كىمدە – كىم،

ئەجرىگە جاۋاب بىرەر مەشۇت توقۇپ.

مەشۇتى تەييار بولۇپ پۈتكەن ھامان،

كۆز يۇمار ئالەم بىلەن ئۇ خوشلىشىپ.

 

ئەجرىدە ئۆستۈردى مېنى ئەل، ۋەتەن،

ئابى ھاۋاسى بىلەن ئاق سۈت بېرىپ.

ئىچتى سۇ قەلبىم خەلقنىڭ مېھرىدىن،

مايسىدەك كۆكلەپ يېتىلدىم بىخ يېرىپ.

 

مەنمۇ پىلە قۇرتىدەك بىر ئۆمۈر،

ئەلگە بىر ئاز نەپ بېرىپ ئۆتسەم ئىدىم.

جان نىسار ئەيلەپ ۋەتەن، خەلقىم ئۈچۈن،

خۇددى شامدەك نۇر چېچىپ كۆيسەم ئىدىم.

1971 – يىل ئۈرۈمچى

 

        ئارزۇ

 

مەنمۇ ئەلگە تەملىك مېۋە بېرەي دەپ،

ئىشقا چۈشتۈم، قەلەم – ئۆتكۈر كەتمىنىم.

تىلىكىم شۇ: خەلقىم ئۈچۈن بەرسە نەپ،

ئەجرى بىلەن مېنىڭ قىلغان – ئەتكىنىم.

 

كۆپ چاپمىسام كەتمىنىمنى مەن ئەگەر،

قارغىش ئالاي، بولسۇن ئۆڭمەي كەتكىنىم.

ھالال تەردە يېتىشتۈرسەم نا شېكەر،

بەختىم كۈلۈپ مۇرادىمغا يەتكىنىم.

 

        پارچە

 

شادلىقىمدىن خەندە ئۇردى بۇلبۇلۇم،

مەن دېڭىزدەك قايناق ھايات تامچىسى.

ۋاقىت مېنىڭ مىنىۋالغان دۇلدۇلۇم،

ئەمگەك تەرىم يورغىلاتقان قامچىسى.

1972 – يىلى ئۈرۈمچى

 

    مىخلايمىز سېنى

 

كۆزۈمدىن يوقالغىن يەر يۇتسۇن سېنى،

سۇيىقەستچى، ئىغۋاگەر ئەي مەلئۇن دەججال!

غەزەپ يالقۇنىدا ئۆرتەنگىن كۆيگىن،

پىتنە – پاسات توقۇپ جان باققان ئابدال!

 

قانچە ئادەملەرگە سەن قىلدىڭ ۋابال،

ئۈستىدىن سۆز – چۆچەك تارقىتىپ يامان.

قانچە پاك دىللارغا قارا چاپلىدىڭ،

ئەي ئادەم سىياقلىق، لەنىتى شەيتان!

 

پىتنە – ئىغۋا، غەيۋەت خۇمارىڭ سېنىڭ،

بوينۇڭغا ئېسىلغان تۇمارىڭ سېنىڭ.

ئويلىدىڭ « ئۇنىڭدىن گويا بىر مىنۇت،

ئايرىلسام ھەل  بولماس مۇرادىم مېنىڭ!»

 

بىراۋدىن ياخشىراق نەپ يۇقسا ساڭا،

كۆككە كۆتۈرىسەن ھارغىچە ماختاپ.

بىراۋ تېگىپ قويسا يېغىرىڭغا سەل،

ئىغۋالار توقۇيسەن ئۈستىدىن داتلاپ.

 

چېقىپ قانچىلارنى خوجايىنىڭغا،

تىرناقتىن كىر ئىزدەپ، تۆھمەتلەر چاپلاپ.

بۇ مەلئۇن خىزمەتكە يۆلەنچۈكۈڭدىن،

ئالدىڭ مۇكاپاتنى ھەسسىلەپ قاتلاپ.

 

ئۇنى يامان دەيسەن، بۇنىمۇ يامان،

بىرمۇ ياخشىسى يوق ئۆزۈڭدىن باشقا.

باشقىلارغا  كولاپ ھەمىشە ئورا،

ئاقىۋەت ئۈسسۈدۈڭ مانا سەن تاشقا.

 

قۇيرۇقۇڭنى قانچە شىپاڭلاتساڭمۇ،

ھىيلە – مىكىرلىرىڭ ئەمدى ئاقمايدۇ.

قانچە قەسەم ئىچكىن،

پاك ۋىجدان ئىنسان،

ئىللىق چىراي بىلەن ساڭا باقمايدۇ.

 

لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلايمىز سېنى،

سېنىڭدەك ئەبلەخلەر دەۋرىمىزگە يات!

بىزگە كېرەك ساپلىق، پرىنسىپاللىق،

قىممەتلىك بىز ئۈچۈن ساغلام بىر ھايات!

1973 – يىل ئۈرۈمچى

 

     ئىنىم ئوقۇ، ئەقىل تاپ

 

ئىنىم غۇنچە چېغىڭدا ياخشى ئوقۇ، ئەقىل تاپ،

ئىلىم گويا قۇياشتۇر يورۇتقۇچى دىلىڭنى.

ئۆتەلەيسەن ئىلىم ـ پەن ئۆتكىلىدىن شان بىلەن،

چىڭ باغلىساڭ ئىرادە پوتىسىدا بېلىڭنى.

 

ئىلىم چوڭقۇر دېڭىز ئۇ شۇڭغۇ ئۇنىڭ تەكتىگە،

ئۈز كاراپتەك شىددەتلىك غۇلىچىڭنى كەڭ ئېلىپ.

چوڭقۇر قاينام ئىچىدىن يىغ مەرۋايىت، مارجانلار،

سۈرىتىڭدە گوياكى ئاينى يىلغا تەڭ قىلىپ.

 

ئاغزىڭ تېگىپ ئىلىم – پەن شارابىدىن تامچىغا،

پەيلى شەيتان يولىغا ئىدراكىڭنى باشلىما!

«بىلىپ بولدۇم ھەممىنى، يېشىم كەلدى مانچىغا.»

دەپ ئۆزۈڭنى قانائەت دەرياسىغا تاشلىما!

 

بىل ئۆمرۈڭنىڭ قەدرىنى ۋاقىت ئۆتەر چاقماقتەك،

تۆرەلدىڭمۇ دۇنياغا ئۆمۈر گويا ئاتقان ئوق!

ھۇجۇم قىلىپ ئىلىم – پەن چوقىسىغا مەھمۇدتەك،

ئىلىم ئىستەك يولىدا يىڭنە بىلەن قاز قۇدۇق!

 

ۋەتەن ئۈچۈن ئىشلەشكە ئىلىم ئۈچۈن شەيدا بول،

ئىلىم گويا قۇياشتۇر يورۇتقۇچى دىلىڭنى!

ئۆتەلەيسەن ئىلىم – پەن ئۆتكىلىدىن شان بىلەن،

چىڭ باغلىساڭ ئىرادە پوتىسىدا بېلىڭنى.

1974 – يىلى ئۈرۈمچى

 

دوستلۇق غەزىلىگە جاۋاب

 

پېشقەدەم شائىر مۆمىن سەپىرى 1974 – يىلى 12 – ئاينىڭ 16 – كۈنى شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆزگە كۆرۈنگەن 18 نەپەر ئۇيغۇر شائىرىغا « قەلەمداشلارغا سالام » ناملىق مۇخەممەس شەكىلدە يازغان دوستلۇق ھەزىلىنى[2] غۇلجىدىن ئۈرۈمچىدىكى شائىرلارغا ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى.

بۇ دوستلۇق ھەزىلى شائىرلار ۋە ئامما ئىچىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان، بەزى شائىرلار ئۇنىڭغا جاۋاب يېزىشقان ئىدى. «قەلەمداشلارغا سالام» ناملىق مۇخەممەسنىڭ بىر بەندىسى ماڭا قارىتىپ يېزىلغان ئىدى، ئۇ بىر بەندى مۇخەممەس تۆۋەندىكىچە:

 

سۇلتان ماخمۇد كېلىپ كەتتى دېدى بۇ يىل ئىلىغا،

كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن كەلسىمۇ ھەر يىلىغا.

بىلمىدىم مەن خۇي پۈتتىمۇ ئۇنىڭ كەمتەر دىلىغا،

قايىللىقىم ھېلىمۇ بار گۈزەل شېئىرى تىلىغا،

كىشى كۆڭلى غەش بولمامدۇ دىدار غەنىمەت بولمىسا.

 

مەن شائىر مۆمىن سەپىرىنىڭ بۇ بىر كۇپلېت مۇخەممىسىگە تۆۋەندىكى شېئىرى جاۋابنى يېزىپ ئۆزىگە ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدىم:

 

يىراقتىكى دوستلار ئۈچۈن بىر مۇخەممەس يېزىپسىز،

مۇخەممەسكە گۈزەل، نەپىس مىسرالارنى تىزىپسىز،

قەلەم بىلەن بۆسۈپ كىرىپ سۆز كانىنى قېزىپسىز،

شۇ مۇبارەك مىسرالارغا مېنىمۇ ھەم قېتىپسىز،

چىن دوستلۇقنىڭ مېھرى بىلەن قەلبى يانغان سەپىرى.

 

شېئىرىڭىزنى ئوقۇغاندا سىز باردەكلا يېنىمدا،

قەلەمداشلىق مۇھەببىتى ياندى ئوتتەك دىلىمدا،

ھېس – ھاياجان ئۆركەشلىرى تاشتى قايناپ قېنىمدا،

شېرىن – شېكەر سۆزلىرىڭىز قالدى مېنىڭ تىلىمدا،

شوخ نەزمىڭىز دوستلار ئارا بولدى داستان سەپىرى.

 

يانغان ئىدىم مەن ئىلىدىن كۆرۈشەلمەي سىز بىلەن،

قوغلىساممۇ كەينىڭىزدىن سىز ماڭغان يول، ئىز بىلەن،

«خالىمىدى» دەپ ئويلىماڭ «ئۇچرىشىشنى بىز بىلەن»،

بايان قىلىپ بولماس بۇنى ئازراق شېئىرى سۆز بىلەن،

كۆرۈشەرمىز تالاي قېتىم بولساق ئامان سەپىرى.

 

ۋەتەن ئۈچۈن جان تىكىشتە ئۆمرىمىزنىڭ قىممىتى،

مىللەت ئۈچۈن كىم تۆكسە تەر ئاشار ھۆرمەت – ئىززىتى،

دوستلار ئۈچۈن كەمتەر بولۇش  — چىن ئىنساننىڭ خىسلىتى،

ئىجادكارغا قەبىھ دۈشمەن تەكەببۇرلۇق ئىللىتى،

بۇ ھەقىقەت خۇددى كۈندەك ماڭا ئايان سەپىرى!

1975 – يىل 16 – ماي ئۈرۈمچى

 

         تارىم

 

دولقۇنلاپ، كۆۋەجەپ تارىم دەرياسى،

توختىماي چۇرۇقلاپ لەرزان ئاقىسەن.

دولقۇنۇڭ ھەر يانغا چاچىدۇ ئۈنچە،

بىر سىرلىق تىل بىلەن قوشاق قاتىسەن.

 

بۇ قوشاق سېنىڭكى ئۆتمۈش تارىخىڭ،

ئۇنىڭدا قىسمىتىڭ ئەيلىنەر بايان.

بۇ سىرلىق قوشاقتا خۇددى قۇياشتەك،

ئۈمىدىڭ، ئارزۇيۇڭ بولماقتا ئايان.

سەن سۇغا تەشنا شۇ چەكسىز ۋادىنىڭ،

قەلبىگە كەۋسەردەك خۇيما ياقىسەن.

بېشىنى لىڭشىتىپ ئالتۇن باشاقلار،

ئېھتىرام بىلدۈرسە، ئويچان باقىسەن.

 

ئەسىرلەر چاڭقىغان تەكلىماكاننىڭ،

ئۈستىگە كىمخاپتىن تونلار ياپىسەن.

قۇملۇقلار ئايلانسا گۈلىستان باغقا،

ئارزۇيۇڭ ھەل بولۇپ مۇراد تاپىسەن.

 

سەن ئۈزۈڭ تارىخى ئۇزۇن يۈرۈشنىڭ،

چارچىماس، تىلقىماس تۇلپار ئېتىسەن!

ئەۋلادىڭ باشلىدى يېڭىچە كۈرەش،

مۇقەددەس غايەڭگە چوقۇم يېتىسەن!

1976 – يىل ئۆكتەبىر ئاقسۇ

 

              گۈزەل ئاقسۇ

 

ساڭا بىر نەچچە رەت كەلدىم قىلىپ سەيلە گۈزەل ئاقسۇ،

ئېسىل شۇنچە پەزىلەت ھەم خۇيى – پەيلى گۈزەل ئاقسۇ.

 

ساڭا ئەجدادىمىز بەرگەن ئەجەب غۇنچە چىراي – رۇخسار،

جاھان رەنالىرى ئۆزرە ئۆزۈڭ لەيلى گۈزەل ئاقسۇ.

 

ساڭا مەپتۇن بولۇپ قالدىم گويا مەجنۇن كەبى مەنمۇ،

كۆڭۈل ۋە ئىختىيارىمنىڭ چۈشۈپ مەيلى گۈزەل ئاقسۇ.

 

يۈرەك قەلبىمدە ئوبرازىڭ كۈلۈپ كۈندەك ۋالىلدايدۇ،

ۋۇجۇدۇمنى خۇمار قىلغان زىبا ۋەسلى گۈزەل ئاقسۇ.

 

قۇياش پارلاپ كۆڭۈلدىكى تۇمانلار تارقىلىپ كەتسە،

ياشار ئەۋلادلىرىڭ سەندىن ئېلىپ پەيزى گۈزەل ئاقسۇ.

 

ساڭا رىشتىم چىگىلگەن چىڭ ئۈزەلمەيدۇ ئۇنى ھېچكىم،

سىنىڭدىن كۆپ يىراقلاردا بۇلاي مەيلى گۈزەل ئاقسۇ.

1976 – يىل 10 – ئاي ئاقسۇ

 

           تەڭرىتېغى

 

كۈمۈش رەڭلىك لىباس كىيىپ سوزۇلۇپ ياتقان،

چوققىسىدا ئاق بۇلۇتلار سۈزۈلۈپ ئاققان،

ئېتىكىدە گۈل باغلىرى چېچەكلەر ئاتقان،

ئېگىز ئاسمان گۈمبىزىگە كۆكسىنى ياققان،

شەۋكىتىمىز، شانىمىز سەن ئەي تەڭرىتېغى!

بۈيۈكلۈكتە ئالەم ئارا نامىڭ تارالغان،

قۇچىقىڭدا ئۆستۈردۈڭ سەن بىزنى ئانا جان،

تارىخىمىز، قىسمىتىمىز ساڭا نامايان،

كۆرۈپ سىنى يۈرىكىمدە ئاقتى ھاياجان،

ئەجدادىمغا ئالتۇن بۆشۈك ئەي تەڭرىتېغى!

 

يەتتى قاتلىق كۆك ئاسماننىڭ ئۆزۈڭ تۈۋرۈكى،

كۆككە شوتا بولالمايدۇ سەندىن بۆلىكى،

سەن جاسارەت، ئىپتىخارنىڭ شانلىق ئۆرنىكى،

ئەۋلادلارنىڭ سىنىڭ ئۈچۈن سوقار يۈرىكى،

كېلەچىكىڭ پارلاق سېنىڭ ئەي تەڭرىتېغى!

1976    - يىل 11 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە كېلىشتە تەڭرىتاغلىرى ئۈستىدىن ئۆتكەندە ئايروپىلاندا يېزىلغان شېئىر.

 

ۋەتەننى سۆي دوستلىرىم

 

ۋەتەن ئۈچۈن دوستلىرىم،

يالقۇنلىسۇن يۈرىكىڭ.

ۋەتەن شەپقەتلىك ئاناڭ،

كۈچ مادارىڭ تۈۋرۈكۈڭ.

 

ئاق سۈت بېرىپ، نان بېرىپ،

سېنى ۋەتەن چوڭ قىلدى.

ئەقىل بېرىپ، ئاڭ بېرىپ،

ئادەم قىلدى، ئوڭ قىلدى.

 

بۈگۈن سېنىڭ شۇ ئاناڭ،

ئاسارەتتە بوغۇلدى.

قۇتقۇز ئۇنى جەڭ بىلەن،

ساڭا پۇرسەت تۇغۇلدى.

 

ئۇلۇغ ئانا ۋەتەنگە،

مەڭگۈ سادىق دىلداش بول!

كۈيلەپ چەكسىز ئىشقىنى،

بۇلبۇل بىلەن تىلداش بول!

 

دۆلەتسىزلىك – بەك يامان،

دۆلەت ۋەتەن تۈۋرۈكۈڭ!

قۇتقۇزۇشقا ۋەتەننى،

چوغدەك يانسۇن يۈرىكىڭ!

1977 – يىل قۇمۇل

 


 

                بۇلبۇل ناۋاسى

                    (مەسەل)

 

باھار پەسلى كېلىپ يۇرتقا قۇياش نۇرى چېچىلغاندا،

كۈلۈپ خۇشبۇي چېچىپ ئەترە، شەپەقرەڭ گۈل ئېچىلغاندا،

 

بولۇپ گۈللەرگە پەرۋانە گۈلىستان قوينىدا يايراپ،

غەزەللەر ئوقۇدى بۇلبۇل خۇشاللىق ئىلكىدە سايراپ.

 

ئۇنىڭ خۇش نەغمىسى قەندەك خالايىق كۆڭلىگە ياقتى،

قارلىغاچلار ئۇسۇل ئويناپ قىلىپ پەرۋاز قانات قاقتى.

 

چىدىيالماي شۇم ھوقۇش شۇندا يامان غەرەز بىلەن ھۇۋلاپ،

قانات سىلكىپ، سېلىپ تەھدىت، دېدى بۇلبۇلغا چالۋاقاپ:

 

كۆتۈردۈڭ كۆپ مەھەل چۇقان، نېمىشقا قىلچە ھارمايسەن،

نېمىشقا مەن يامان كۆرگەن قۇياشنى شۇنچە ماختايسەن؟!

 

چاڭىلداپ سايرىشىڭ تىنسۇن، جېنىم جاق تويدىغۇ سەندىن،

كۆزۈمدىن يۈتمىسەڭ دەرھال كۆرىسەن كۆرگۈلۈك مەندىن.

 

ھۇۋقۇشنىڭ چەكچىيىپ قىلغان پوپوزا دوقىغا باقماي،

جاۋاب بەردى شۇئان بۇلبۇل غەزەپلەر قەلبىگە پاتماي:

 

—بېرىپ تاڭ جىلۋىسى ئىلھام، باھار پەيزىگە كۆي قاتتىم،

قىزىل گۈلگە بولۇپ مەپتۇن غەزەل ناخشامنى ياڭراتتىم.

 

يامان دەپ سۆككىلى تاڭنى سېنىڭدەك مەن ئەمەس پەسكەش،

ئۆلۈپ كەتسەممۇ قىلمايمەن ئاۋازىمنى ساڭا تەڭكەش! 

 

گۈزەل بوستان ئارا ئۇرغۇپ ھامان مەردانە سايرايمەن،

قۇياشقا تەلپۈنۈپ مەڭگۈ ئۇنىڭ ئىشقىدا يايرايمەن.

 

غەزەل – ناخشىلىرىم بولسۇن ساڭا خەنجەر، ئېتىلغان ئوق،

ئۆزۈڭ دەشتكە راۋان ئەيلە گۈزەل گۈلشەندە ھەققىڭ يوق!

 

ھۇۋقۇش كەسكىن جاۋاب ئاڭلاپ زۇۋاندا تۇتۇلۇپ قالدى،

بەينى ئوغا ئىچكەندەك ئاۋازى بوغۇلۇپ قالدى.

 

بۇزۇپ پەيلىنى شۇملۇققا، جېنىنى ئۇ ئېلىپ قۇلغا،

سېلىشقا ئۇرۇنۇپ جاڭگال ئېتىلدى شۇندا بۇلبۇلغا.

 

چېچەن بۇلبۇل كىرىپ قەددىن چېلىشقا تېزلا راسلاندى،

كۈرەشنىڭ چاقمىقى چاقتى چېلىش مەيداندا باشلاندى.

 

بۇنى كۆرۈپ جەسۇر لاچىن گويا ئوقتەك ئۇچۇپ كەلدى،

كۈزىدىن ئوت يېنىپ چوغدەك غەزەپكە لىق تولۇپ كەلدى.

 

ئۇرۇپ كۆكسىدە شىددەتلىك ھوقۇشنى ئەيلىدى تالقان،

چاۋاك چالدى چىمەن باغلار، كۈلۈپ كەتتى زېمىن – ئاسمان.

 

— ئۇرۇن يوق باغدا ھۇقۇشقا!—دېدى، لاچىن جاكار قىلدى،

راسا خەندان ئۇرۇپ بۇلبۇل گۈلىستاندا ناۋا قىلدى.

1977    – يىل نويابىر ئۈرۈمچى

 

         تېپىلماس

 

جاھان ئارا پەندىن ئارتۇق گۆھەر تېپىلماس،

ھايات ئۈچۈن بۇندىن لەزىز جەۋھەر تېپىلماس.

 

نادانلىقنىڭ چۆللىرىدە چاڭقىغانلارغا،

مەرىپەتتەك ئابى ھايات، كەۋسەر تېپىلماس.

 

جاھالەتنىڭ تۇمانىنى قوغلاپ سۈرۈشتە،

ئىلىم ـ پەندەك نۇرلۇق چولپان، ئەختەر تېپىلماس،

 

تاغدەك جاپا، مۇشەققەتنى يېڭىپ چىقىشتا،

ئىلىم ـ پەندەك قەيسەرانە نەۋكەر تېپىلماس.

 

خۇراپاتنىڭ قورغىنىنى ئەيلەشتە گۇمران،

ئىلىم – پەندەك ئۆتكۈر قورال شەمشەر تېپىلماس.

 

پەن نۇرىدىن قەلبى يورۇپ چاقنىغانلاردەك،

يەر يۈزىدە كىچىك پېئىل كەمتەر تېپىلماس.

 

گۈزەل غايە چوققىسىغا دۇلدۇل سېلىشتا،

زىبا ياشلىق مەزگىلىدەك ئەنۋەر تېپىلماس.

1978    – يىل ئۈرۈمچى

 

             ئۇستازىمغا[3]

 

(مەرھۇم ئۇستازىم، شائىر تاجىدىن قادىرى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن)

 

ئەدەبىيات گۈلزارىغا كىرگەنتىڭىز مېنى باشلاپ،

ۋۇجۇدۇمدا سىزىپ يالقۇن ئۈمىد بىلەن نەزەر تاشلاپ.

ماڭا بەرگەچ جاسارەت، كۈچ، يۈرىكىمدە ئىشەنچ ياشناپ،

قەلەمنى ئات قىلىپ مىندىم، بېسىپ ئۆتكەل، داۋان ئاتلاپ.

يېتىشەمتى باغدا گۈللەر، باغۋىنى ئۇستاز بولمىسا،

 

ئىدىڭىز سىز شۇنچە ئىللىق ئۇستاز ماڭا جاندىن ئەزىز.

شېئىرىڭىز ياڭراق، گۈزەلدى، تەمى شېكەر، بالدىن لەزىز،

دەرسىڭىزگە مەھلىيادۇق بارچە ئوغۇل، بارچە قىز.

سىزگە بولغان پاك سۆيگۈمىز چوڭقۇر ئىدى مىسلى دېڭىز،