English

Türkçe

 

عربي

ئۇيغۇرچە

 

 

بۈگۈنكى بارىن

 

ئورخۇن ئوغلى*

 

ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار، بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى باتۇرانە كۈرەش روھى نامايەن قىلىنغان مەشھۇر بارىن ئىنقىلابىنىڭ 6 يىللىق خاتىرە كۈنى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «بىرلىك» ژورنىلى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلار نامىدىن، كۈرەشچان بارىن خەلقىغە بولغان ئالىي ھۆرمىتىنى ۋە يالقۇنلۇق يۈرەك سالىمىنى ئىزھار قىلىدۇ! ھەمدە ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى، ئىمانىنى، ۋىجدانىنى ۋە شان ـ شەرىپىنى قوغداش يولىدا قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان شەھىدلىرىمىزنى، خىتاينىڭ دەھشەتلىك زىندانلىرىغا مەھكۇم بولغان باتۇر ئەزىمەتلىرىمىزنى مەڭگۈ قايغۇ ئىچىدە ياد ئېتىدۇ! شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقان، بالا ـ چاقىلىرىغا جانابى ئاللاھتىن بەخىت ـ سائادەت ۋە كۈچ ـ قۇۋۋەت تىلەيدۇ!

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، بۇندىن 6 يىل بۇرۇن، يەنى 1990 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ دەھشەتلىك زۇلمى ئاستىدا ھايۋان كەبى ياشاشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرگەن قەيسەر بارىن خەلقى مۇستەبىت كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە قارشى ئومومىيۈزلۈك قوزغىلىپ چىققان ئىدى. ئەينى چاغدا كەتمەن ـ گۈرجەك قاتارلىق ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن قوراللانغان جەسۇر بارىن خەلقى، چىش تىرنىقىغىچە زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان فاشىست خىتاي ئارمىيىسى بىلەن قانلىق جەڭ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي زۇلۇمغا تېز پۈكمەيدىغان قەيسەر روھىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايەن قىلدى ھەمدە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە شانلىق ئۈلگە يارىتىپ بەردى.

گەرچە بۇ ۋەقەگە ئارىدىن 6 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما بارىن روھى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى قاپلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى مىللىي كۈرەش تارىختىن بۇيانقى ئەڭ جانلىنىش باسقۇچىغا كىردى. نۆۋەتتە بارىن شەھىدلىرىنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە قولغا كەلگەن مىللىي ئويغىنىش روھىنىڭ خۇشپۇراق چېچەكلىرى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى قاپلىدى.

بارىننىڭ بۈگۈنكى قىياپىتى ۋە بارىن خەلقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى جىددىي قىزىقىۋاتقان ۋە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. 6 يىل بۇرۇنقى قانلىق قىرغىنچىلىقتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئەسىلىدىكى فاشىستىك ئەپتى ـ بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، سانسىزلىغان مۇنتىزم ئارمىيىسىنى، ژاندارما ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ، مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئالقانچىلىك بارىن يېزىسىنى قان كۆلىگە ئايلاندۇرغان ئىدى. بۇ جەرياندا نەچچە يۈزلىگەن بارىن خەلقى شەھىد بولغان ۋە مىڭلىغان بىگۇناھ خەلق دەھشەتلىك زىندانلارغا تاشلانغان ئىدى. خىتاي فاشىستىك ئارمىيىسى بۇنىڭ بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي بارىن يېزىسىنى غايەت زور ھەربىي گازارمىغا ئايلاندۇرىۋېلىپ، «ئەكسىلئىنقلابچىلارنى ئاختۇرۇپ تۇتۇش» باھانىسىدا، ئۇچۇرغانلا يەرنى دەسسەپ ـ چەيلەپ، ئۇرۇپ ـ تۈزلەپ، بارىن يېزىسىنى بىر خارابىلىققا ئايلاندۇرۇپ قويغان ۋە پۈتۈن يېزىنىڭ دېھقانچىلىق ۋە سودا ـ سېتىق ئىشلىرىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغا ئىدى. بۇنىڭ بىلەن 1990 - يىلىغا قەدەر كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 200 يۇەندىن (20 دوللار) ئاشماي كەلگەن نامرات بارىن خەلقى تېخىمۇ ئېغىر ئاچ ـ يالىڭاچلىق خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى چوڭ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى «ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تەل ـ تۈكۈس تازىلاش» باھانىسدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پۈتۈن ھەربىي قىسىملىرىنى، ژاندارما ـ ساقچىلىرىنى ۋە يېزا ئىگىلىك 1ـ،2 ـ، 3 ـ، 5 ـ، ۋە 6 ـ دىۋىزىيلىردىكى خىتاي خەلق ئەسكەرلىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ ئاقسۇ، ئاتۇش، كاشغەر، خوتەن رايونلىرىنى قاتتىق مۇھاسىرە ئاستىغا ئالدى ھەمدە بۇ رايۇنلاردا ئومومىيۈزلۈك «بارىن ئەكسىلئىنقىلابچىلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش» ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. بارىن يېزىسىغا قاراشلىق ئاقتۇ ناھىيىسىگە تۇتىشىدىغان پۈتۈن يول ـ ئېغىزلارغا توساق قۇرۇپ، بارىن يېزىسىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىدى. بۇ جەرياندا خىتاي قىسىملىرى ۋە ساقچىلىرىنىڭ قالايمىقان ئادەم تۇتىشى ئەۋىج ئېلىپ، يەرلىك خەلقنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئېغىر ھالدا ئاياق ـ ئاستى قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋوز قىلمىشى تاكى ھازىرغا قەدەر داۋام قىلىپ كەلمەكتە. بەزى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بارىن ئىنقىلابى يۈز بەرگەندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، بارىن يېزىسىدا ۋە كاشغەر ۋىلايىتىگە تەۋە كاشغەر يېڭى شەھەر، كاشغەر كونا شەھەر، يېڭىسار، مەكىت، پەيزاۋات، يۇپۇرغا، مارالبېشى، ياركەند، پوسكام، قاغىلىق ناھىيىلىرىدە ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشى، «بارىن ئەكسىلئىنقىلابى ھەرىكىتىگە قاتناشقان، ياردەم بەرگەن، ھېسداشلىق قىلغان، ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى يۇشۇرۇپ قويغان» دېگەنگە ئوخشاش تۈرلۈك بەدناملار بىلەن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلانغان. بۇلاردىن 200  دىن ئارتۇق كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمدى بارىن يېزىسىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، خۇددى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى بارىن يېزىسىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاش ۋە «بارىن» دېگەن بۇ مۇبارەك كەلىمىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە ئۇنتۇلدۇرۇش غەرىزىدە، تاكى يېقىنقى يىللارغىچە ھۆكۈمەتكە تەۋە رادىئو، تېلېۋىزىيە، گېزىت ـ ژۇرناللاردا بارىن ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر - ئۇچۇر بەرمەي كەلگەن ئىدى. ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارىنغا ۋە بارىن خەلقىغە بولغان ھۆرمەت ۋە سېغىنىش تۇيغۇسىنىڭ ئومۇمى يۈزلۈك ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ سىتىراتىگىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ بارىن خەلقىگە قىلغان «مېھرى ـ شاپائەتلىرى» نى ھەدەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. شەرقىي تۈركىستان قورچاق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ئورگىنى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1995 - يىلى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىكى سانىنىڭ 1- بېتىگە، «بارىن يېزىسىدا 500 دېھقان پارتىيىگە كىرىش ئىلتىماسى يازدى» دېگەن تېمىدا بىر پارچە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىنىدى. بۇ ماقالىنىڭ باش قىسىمىدا، كومپارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بارىن خەلقىگە قىلغان «غەمخورلۇقلىرى» ۋە «شاپائەتلىرى» ئۈستىدە توختىلىپ ئەينەن مۇنداق دېيىلگەن:

«يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ۋە ئاقتۇ ناھىيىلىك پارتكوم، بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، بۇ يېزىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم ئىشلار تەركىۋىگە قويۇپ، يىزىلىق پارتكومنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ تەشكىللىدى، يېڭى نۆۋەتلىك يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرىنى سايلاپ چىقتى، ئىدىيىسى ياخىشى، رەزىل  كۈچلەر بىلەن يۈرەكلىك كۈرەش قىلالايدىغان بىر تۈركۈم پارتىيە ئەزالىرىنى يېزا كەنت بەنزىلىرىگە كىرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلق ئەسكەرلىرى، ياشلار ئىتتىپاقىي، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئامانلىقنى ساقلاش قاتارلىق تەشكىلاتلارنى تەرتىپكە سالدى ۋە قايتا قۇردى. بۇ ئارقىلىق پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ۋە كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەيتتى. يېزىلىق پارتكوم پارتىيە ئىچىدىكى تۇرمۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردى. پارتىيە ئەزالىرى ئائىلىلەر بىلەن ئالاقە باغلاش تۈزۈمى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاش تۈزۈمىنى ئورناتتى، يېزىدىكى 389 نەپەر پارتىيە ئەزاسىنى قايتىدىن تىزىملاپ چىقتى.»

بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا يەنە، ھۆكۈمەت بارىن يېزىسىنىڭ كوممونىستىك پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 400 مىڭ يۇەن مەبلەغ سېلىپ، يېزىغا قاراشلىق 14 كەنتنىڭ ھەممىسىدە «پارتىيە ئۆيى» قۇرغان، دېھقانلارغا قارىتىلغان سوتسىيالىستىك ئىدىيىۋى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يېزىدىكى 90 پىرسەنتتىن كۆپرەك ئائىلىگە رادىئو كانىيى بېكىتىپ، ھەر كۈنى ئىزچىل تۈردە دېھقانلارغا قارىتا كوممۇنىزم تەربىيىسى ئېلىپ بارغان.

بۇ ماقالىنىڭ ئاخىرقى قىسىمىدا ئەينەن مۇنداق دېيىلگەن: «يېزىدىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ روھى قىياپىتىدە ئۆزگىرىش چوڭ بولدى، ئۇلار باشلامچىلىق بىلەن ئىنتىزامغا بويسۇنۇپ، قانۇنغا رىئايە قىلدى، باشلامچىلىق بىلەن توختام بويىچە ئاشلىق، پاختا سېتىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىدى. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ― بارىن يېزىسىنڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتىن يىلمۇ يىل مولھوسۇل ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى. يېزا يويىچە ھەر بىر ئەمگەك كۈچىگە توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم 550 يۇەنگە (تەخمىنەن 60 دوللار) يېتىپ، 1993 - يىلدىكىدىن 143 يۇەن ئاشتى.»

«شىنجاڭ گېزىتى» گە بېسىلغان بۇ ماقالىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بارىن يېزىسىنىڭ ۋە بارىن خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق قىياپىتى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. دېمەك، مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، بارىن خەلقىنىڭ ئاچ ـ يالىڭاچلىق ھالىتىگە قىلچە پىسەنت قىلماي، پۈتۈن كۈچىنى بارىن دېھقانلىرىنىڭ ئىدىيىسىنى زەھەرلەشكە، روھى دۇنياسىنى زەئىپلىتىشكە قاراتقان. شۇنداقلان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ سىمۇۋلى بولغان بۇ مۇقەددەس تۇپراقنى غايەت زور كوممۇنىستىك پارتىيە مەكتىۋىگە ئايلاندۇرىۋېلىپ، بارىن خەلقىغە قارشى ئومۇمىيۈزلۈك ئىدېئولوگىيە ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. بۇندىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ سادىق غالچىلىرىنى ۋە مىللىي مۇناپىقلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلارنى پۈتۈن بارىن يېزىسىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ ـ پۇشقاقلىرىغىچە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، بارىن خەلقىنى قاتتىق سىياسىي نازارەت ئاستىغا ئالغان. ماھىيەتتە بولسا، بارىن يېزىسىنى ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق سىياسىي تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە قىلچە نومۇس قىلماي، بارىن خەلقىنىڭ ھازىرقى ئەمگەك كۈچىگە توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمنى 60 دوللار قىلىپ كۆرسەتكەن ھەمدە بۇنى ئۆزلىرىنىڭ بارىن خەلقىغە قىلغان ئەڭ چوڭ «شاپائىتى» دەپ بايان قىلغان. ھازىر دۇنيانىڭ ئەڭ نامرات رايونىدىمۇ بارىن خەلقىدەك پەۋقۇلئاددە تۆۋەن كىرىم بىلەن ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى تېپىش قېيىن بولسا كېرەك. دۇنيادىكى بارلىق يەر ئاستى ـ يەر ئۈستى تەبىئىي بايىلقلارغا ساھىب بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق قىياپىتىدىن بىز خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەھىمىسز ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرىۋالالايمىز!

كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ۋاقىتتىن بۇيان تۇيۇقسىز كۈچەيتىشكە باشلىقان بارىن ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىدىن شۇ نوقتىنى ئېنىق چۈشىنىۋېلىش مومكىنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا بارىن دېھقانلىرىنىڭ «كوممۇنىستىك ئاڭ ـ سەۋىيەسى» نىڭ ئۆزلۈكسىز «كۈچىيىۋاتقانلىقىنى» ۋە كوممۇنىستىك پارتىيىگە كىرىشىنى «ئاكتىپلىق» بىلەن ئىلتىماس قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، بارىننىڭ ۋە بارىن خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىدىكى ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشكە ۋە بارىننىڭ تەسىر دائىرىسىنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنغان. ئەمما، مەككار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئۇرۇنۇشلىرى پۈتۈنلەي بىكارغا كەتتى، ئەكسىچە بارىن روھى تېخىمۇ گۈللەپ ياشناپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي زۇلۇمغا ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش قىبلىنامىسىگە ئايلاندى.

نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممىلا يېرىدە يالقۇنجاشقا باشلىقان كۈرەش ئۇچقۇنلىرى بارىن شەھىدلىرىنىڭ قېنىنىڭ بىكارغا ئاقمىغانلىقىنى، مىللەتنىڭ ھەم ۋەتەننىڭ ھۆر ـ ئازاتلىقى ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلغان غازى ۋە شەھىدلىرىمىزنى خەلقىمىزنىڭ مەڭگۈ ياد ئېتىدىغانلىقىنى تۇلۇق ئىسپاتلىدى.

بارىن روھىنى ياشنىتىش ۋە ۋارىسلىق قىلىش  ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. شۇنداقلا تارىخى ۋەزىپىسى!

شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى، كۈرەشچان، قەيسەر شەرقىي تۈركىستان خەلقى چۇقۇم يەنە مىڭلىغان «بارىن» لارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ ۋە ئاخىرىدا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى بىر پۈتۈن بارىنغا ئايلاندۇرىدۇ!

جانابى ئاللاھ تائالا بارىن شەھىدلىرىنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن، ئامىن!

 

باش بەت

aturan2003@yahoo.com

بارلىق نەشر ھوقۇقى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىغا ئائىت

 All Rights Reserved Taklamakan Uyghur Publishing 2007 --- 2009 http://www.uyghurweb.net