English

Türkçe

 

عربي

ئۇيغۇرچە

 

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئىنقىلابىي ۋارىسى — ئابدۇلھەمىد داموللام

 

ظظظ

ئابدۇلجېلىل تۇران

 

1949 ـ يىلى 10 ـ ئايدا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئارقا ـ ئارقىدىن مىللىي ئىنقىلاب بولدى. ئەنە شۇنداق ئىنقىلابلارنىڭ بىرسى 1955 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى خوتەندە يۈز بەرگەن، تارىختا «خوتەن ئىنقىلابىي» ياكى «ئابدۇلھەمىد داموللام ئىنقىلابىي» دەپ ئاتالغان شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق ئىنقىلابىدۇر. بۇ ئىنقىلابنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ۋە ئۇ ئىنقىلابنىڭ داھىسى ئابدۇلھەمىد داموللامدۇر.

ئابدۇلھەمىد داموللام 1895 – يىلى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ تەڭكەش كەنتىدە تۇغۇلغان. 1932 – يىلى قەشقەردىكى خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ «داموللام» دېگەن ئالىي ئۇنۋان بىلەن خوتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كەيىن، سەمەت داموللام ۋە باقى داموللاملار بىلەن 1932 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ  17 ـ كۈنى باشلانغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا يېتەكچىلىكىدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىسلام ئارمىسىدە ئەسكەر بولغان. بۇ قوشۇن گۇما، قاغىلىقلاردا غەلىبىلىك جەڭ قىلىپ يېڭى ساردىكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئابدۇلھەمىد داموللام خوتەنگە قايتىپ كېلىپ مەھەللىسىدىكى مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلىدۇ. بۇ مەدرىسىدە قاراساي، ياۋا تەۋەلىكىدىن ۋە قوشنا يۇرتلاردىن كەلگەن تالىپلار ئوقۇيتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئابدۇلھەمىد داموللام ئۆينىڭ ھەم ئېتىز – ئېرىقنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىغان كىشى بولۇپ، بويى ئېگىز، چىرايى ئاق – سېرىق كىشى ئىكەن.

1949 – يىلى 4- ئايدا ئابدۇلھەمىد داموللام ئىنىسى مۇھەممەد داموللام، خوتەننىڭ لايقىدىن تۇرسۇن داموللام قاتارلىق كىشىلەرنى باشلاپ يەكەندىكى مەشھۇر ئىشان ۋە دىنىي ئۆلىما ئەييۇپ قاراخۇنۇمنىڭ مەدرىسىسىگە بارغان. قارىماققا بۇ مەشھۇر ئىشاندىن دەرس ئالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مۇھەممەد ئەمىن ھەزرىتىمنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كېلىۋاتىقان قىزىل كوممۇنىست ئارمىسىيىنى توسۇپ شىڭشىشادىن ئوتكۈزمەسلىك، بۇ پىلان ئىشقا ئاشمىسا، مۇھەمەد ئەمىن ھەزرىتىم چەت ئەلدە،  ئابدۇلھەمىد داموللام  ۋەتەندە پۇرسەت كۈتۈپ تۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىپ، 10 – ئايدا خوتەنگە قايتىپ كەلگەن، يەكەندە ئەييۇپ قارىمنىڭ مەدرىسىسىدە ئۈرۈمچى، تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەرلەردىن كەلگەن پىكىرداشلىرى بىلەن پۈتۈشكەن پىلانىغا ئاساسەن، 1950 – يىلىدىن باشلاپ قوشۇننى كۆپەيتىش مەقسىتىدە ئىشانلىقنى ئەۋىچ ئالدۇرۇپ، تەلەپ قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى (قېرى – ياش، ئەر – ئايال، ئېتىقادى كۈچلۈك – ئاجىز دېمەي) مۇرىتلىققا قوبۇل قىلىۋەرگەن. 1951 – يىلىدىن كېيىن پۇرچاقچىدىن مەخسۇت داموللام، قويچىدىن بارات داموللام، ئورىچىدىن مۇھەممەد داموللام، باشاقچىدىن موللا ناسىر داموللام، خوتەندىن ئابدۇلئەزىز قاراجىم، مۇھەممەد قۇربان تەلپەك قاتارلىقلارغا ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش مۇددىئاسىنى ئېنىق ئېيتىدۇ، ئۇلار جېنى بىلەن بۇنى قوللاپ ـ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئابدۇلھەمىد داموللام ئەينى زاماندىكى دىنىي ئالىم ھەم جامائەت ئەربابى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1953 – يىلى 9 – ئايدا خەلق ۋەكىلى بولۇپ، ئۈرۈمچىگە بېرىپ قۇرۇلتايغا قاتناشقان، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەكەندە ئۇچراشقان ۋە يېڭى تۇنۇشقان ۋەكىل پىكىرداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ مەلۇم مەسىلىلەردە گېپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈۋالغان.

داموللامنىڭ ئۈرۈمچى، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى ھەمسۆھبەتلىرىنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيىتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشى بىلەن ئابدۇلھەمىد داموللامنىڭ ئىسمى ئۆلكىلىك «جامائەت خەۋپسىزلىكى»نىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى خوتەنگە مەخپى خىزمەت گۇرۇپپىسى نامىدا كوممۇنىست ئىتلارنى ئەۋەتىپ ئابدۇلھەمىد داموللامنى يوشۇرۇن كۆزىتىشنى باشلايدۇ ۋە مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ ئابدۇلھەمىد داموللامنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىدىن ئۆزلىرىگە ئاخپارات يەتكۈزۈشكە ئۆزلىرىنىڭ مۇناپىق غالچىلىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇدۇ. ئابدۇلھەمىد داموللام ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە تۇتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالغاندىن كېيىن، 1954 – يىلى 6 – ئاينىڭ 24 – كۈنىدىن ئېتىبارەن قاراقاش ۋە خوتەندىكى ھەمسۆھبەتلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە يوشۇرۇنۇشقا باشلىدى. بىر ئۆيدە تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرمايتتى. ئىشەنچىلىك ئادەملىرىگە «ئىسلام ئاچىمىز» دەپ ئېنىق ئېيتاتتى. ئىشەنچىسىز دەپ قارىغان كىشىلەرگە «مەن ئوقتۇرۇش قىلغان كۈنى دەرھال بەلگىلەنگەن جايغا توپلىنىڭلار، دۇئا – تەلەپ قىلىمىز» دەپ ئۇرۇنلاشتۇردى. 1954 – يىلى 11 – ئايدا بۇلار سايلام ئۆتكۈزۈپ، ئابدۇلھەمىد داموللامنى رەئىسلىككە، پەتھىددىن مەخسۇمنى مۇئاۋىن رەئىس ۋە ھەربىي قوماندانلىققا سايلىدى. بۇلار ئەسلىدە 1955 – يىلى باھار بايرىمى ھارپا ئاخشىمى  قوزغىلىپ خوتەندىكىلەر شۆبە ھەربى رايونىغا، قاراقاشتىكىلەر 47 – تۈۋەننىڭ 2- لىيەنگە (قويچى يېزىسىغا چېگرىداش) بىرلا ۋاقىتتا ھۈجۈم قىلىپ قورال – ياراققا ئىگە بولۇپ، خوتەننى ئازات قىلماقچى بولۇشقان ئىدى. پەتھىددىن مەخسۇمنىڭ: «ھۆكۈمەت پىلانىمىزنى ئوقۇپ قاپتۇ، ۋاقىتنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تەكلىپىگە ئاساسەن، قوزغىلاڭ 1954 – يىلى 12 -  ئاينىڭ 31 – كۈنى ئاخشىمى رەسمى باشلانغان، ئابدۇلھەمىد داموللام بىلەن پەتھىددىن مەخسۇمنىڭ غوللۇق ئەگەشكۈچىلىرى قاراقاشنىڭ ياۋا، قاراساي، پۇرچاقچى، قويچى، تۆۋەت، خوتەننىڭ خانئېرىق، توساللا، لايقا قاتارلىق  جايلاردىن تەشكىللەپ ئىنقىلابقا قاتناشتۇرغان ئادەملەر ئىدى، ئۇلار كالتەك – چۇماقلار بىلەن قوراللىنىپ، زامانىۋىي قوراللار بىلەن قوراللانغان، ئۆزلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۇشمەنگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ،  ئاتچۇي تۈرمىسىگە  باستۇرۇپ كېلىپ، تۈرمە باشقۇرغۇچىلاردىن يەتتە ئادەمنى كالتەكلەپ ئۆلتۈرۈپ، قوللىرىدىكى قوراللىرىنى غەنىمەت ئېلىپ، تۈرمىنىڭ ئىشىك قولۇپلىرىنى چېقىپ تاشلاپ، تۈرمىدىكى مەھبۇسلارغا:

— سىلەر ئازات بولدۇڭلار، بىزگە قوشۇلۇڭلار ياكى ئۆيۈڭلەرگە كېتىڭلار، دويدۇ، نۇرغۇن مەھبۇسلار ئۆزىنى جەڭگە ئاتىدۇ. تۈرمىنى قوغداۋاتقان خىتاي لەشكەرلىرى غالجىرلىشىپ تەرەپ ـ تەرەپتىن ئوق چىقىرىشقا باشلايدۇ. ئۇلارغا ياردەمچى چىرىكلەر قوشۇلىدۇ، بىر نەچچە سائەت شىددەتلىك جەڭ بولۇپ، ئابدۇلھەمىد داموللامنىڭ ئاكىسى ئەھمەد ئاخۇن، قويچى يېزىسىدىن مۇھەممەد نىياز بوغاز قاتارلىق كىشىلەر شېھىد بولۇپ، ئىنقىلاب نەتىجىسىز ئاخىرلىشىدۇ. ئابدۇلھەمىت داموللام كۆللەك كەنتىدىكى سوپى قاسىم ئاخۇنۇمنىڭ ئۈيىدە يوشۇرۇنىدۇ. ئۇ جايدا نازارەت قاتتىق بولغانلىقتىن ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تەڭكەش كەنتىدىكى مۇرىتى رەجەپ ئاخۇننىڭ ئۈيىگە كېلىپ پاناھلىندۇ. رەجەپ ئاخۇن داموللامنى يوشۇرۇش ئۈچۈن گەمە كولاپ ئۈستىنى تاختاي بىلەن يېپىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە سامان – پاسار يېپىپ ئېشەك ئېغىلى ياساپ، گەمىگە كىرىپ – چىقىدىغان ئىشىكنى ئوقۇرنىڭ تىگىگە توغرىلايدۇ. ئابدۇلھەمىد داموللام شۇنداق قىلىپ تۆت يىل يەر ئاستىدا يوشۇرنۇپ ياتىدۇ. 1959 – يلى 4 - ئايدا ناھىلىك سىياسى مەكتەپتىكى كۇرۇستا ئادەمنىلا ئەمەس، بەلكى ھايۋاننىمۇ زۇۋانغا كەلتۈرىدىغان فاشىست خىتاي ھۆكۈمىتى رەجەپ ئاخۇننى ئابدۇلھەمىت داموللامنىڭ تۇرغان يېرىنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇر قىلغان. نەتىجىدە شۇ كىچىسى  نەچچە يۈز خىتاي چىرىكلىرى ۋە شۇ چاغدىكى قىزىل بايراق گوڭشىسىنىڭ  باشلىقى قاتارلىقلار ئابدۇلھەمىد داموللامنى ياتقان يېرىدىن تۇتۇپ چىقىپ تۈرمىگە تاشلايدۇ. تۈرمىدە توت يىل ئازاپ ـ ئوقۇبەت، قىيىن ـ قىستاققا ئالغاندىن كېيىن، 1962 – يىلى 4 – ئاينىڭ 1- كۈنى يېتىشكەن دىنىي ئالىم، جامائەت ئەربابى، ئىنقىلاب يېتەكچىسى ئابدۇلھەمىد داموللامنى مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. مەرھۇمنىڭ جەسىتى ئائىلىسى تەرىپىدىن مەھەللىسىگە دەپنە قىلىنىدۇ.

 

 

باش بەت

aturan2003@yahoo.com

بارلىق نەشر ھوقۇقى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىغا ئائىت

 All Rights Reserved Taklamakan Uyghur Publishing 2007 --- 2009 http://www.uyghurweb.net