English

Türkçe

 

عربي

ئۇيغۇرچە

 

 

 

 تارىخىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى

باتۇر راشىدىن

19- ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسىي زىددىيەت مۇستەملىكىچىلىك بىلەن مۇستەقىللىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتىن ئىبارەت بولۇپ كەلدى (ئىلاۋىغا قاراڭ). بىر يېرىم ئەسىرلىك بۇ مۇخالىپەتنىڭ شەكلى بىردە قوراللىق، بىردە سىياسىي تۇس ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن 80- يىللارنىڭ بېشىدىن ئېتىۋارەن «تارىخ يېزىش كۈرىشى» دەپ ئاتالغان شەكىل بۇنىڭغا يېڭىدىن قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەزگۈچى ھۆكۈمران مىللەت بىلەن ئېزىلگۈچى مەھكۇم مىللەت ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇر تارىخىنى (ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى) قانداق بايان قىلىشتىكى مەۋقە سىياسىي ـ ئىدىيىۋىي يۇنىلىش مەسىلىسى، ماتېرىيال تاللاش ۋە ئۇلارنى تەھلىل قىلىش تۇقتىئىينەزەر بىلەن ئۇلارنى تەھلىل قىلىش نۇقتىئىينەزەر مەسلىسى، شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى دەۋىرلەشتۈرۈش بىلەن يىلنامىلارنى قانداق بېرىش مەسلىسى كەبى نۇقتىلىق ھالقىلار بويىچە ھەق ـ ناھەق كۈرىشى جىددىلىشىپ كەتتى. بۇ ھادىسە ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدا «تارىخ يېزىش كۈرىشى» دەپ ئاتالماقتا.

«تارىخ يېزىش كۈرىشى»نى خەن (خەنزۇ) شوۋىنستىلىرى باشلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا تارىخ يېزىپ بېرشتىكى ئەسلى مەقىستى: شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈ بېسىپ تۇرۇش ئۈچۈن يەر داۋاسىنى كۆتىرىپ چىقىشتىن ۋە ئۇنى مەجبۇرىي تېڭىپ، باشقا مىللىي تارىخچىلىرىمىزنىڭ ئەمگەكلىرىنى مەنئى قىلىشتىن ئىبارەت، خالاس.

خەن شوۋىنستلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاكىمىيەتنىڭ شۇلار قولىدا بولۇشى، تارىخ يېزشىنىمۇ مونوپولىيە قىلىۋېلىشى  ئەينى زاماندا ئۇلارنىڭ بۇ كۈرەشتە ئۈستۈنلۈك قازىنىشىغا، تارىخىمىزنى خالىغانچە ساختىلاشتۇرۇشىغا شەرت ـ شارائىت يارىتىپ بەردى. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىتايلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر تارىخىغا قارشى چىقىش بۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى ئاشۇ مۇستەملىكىچىلىك غەرىزىدىكى تارىخلارنى شەرتسىز قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا.

خىتاي مۇستەتلىكىچىلىرىنىڭ تارىخ يېزىش ئارقىلىق يەر داۋاسىغا كىرىشىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ ئەۋجىگە چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

مەلۇمكى 80- يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا خىتايدا دېموكراتىك ھەم مىللىي ئازاتلىق كۈرەشلەر ئارقا ـ ئارقىدىن پارتلاپ چىقتى. شەرقىي تۈركىستانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ زېمىنغا 8 مىلليون خىتاينى كۆچۈرۈپ كېلىش ئاقىۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە «ئاز سانلىق»قا ئايلىنىپ قېلىشى، يەر بايلىقىنىڭ بۇلاپ ـ تالىنىشى، ئەتراپ مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشتىن مەھرۇم قىلىنىشى، شەرقىي تۈركىستاندا خەن مىللىتى مەنپەئىتىنىڭ ئاساسىي ئورۇنغا چىقىشى، بارلىق ساھەلەرنىڭ خىتايلىشىشى نەتىجىسىدە ھۇقۇقنىڭ تامامەن خىتايلارغا ئۆتۈپ كېتىشى مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركىستاندا خەن مۇستەتلىكىچىلىكىگە قارشى مىللىي ئازاتلىق ھەرىكەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئېلىپ كەلگەن تۇپ سەۋەبلەر بولغانلىقى ئېنىق. نەتىجىدە خوتەننىڭ قاراقاش، ئاتۇشنىڭ بارىن، ئاقتۇ ناھىيەلىرىدە، شۇ قاتاردا ئاقسۇ، كەلپىن، كورلا ۋە تۇرپانلاردا خىتاي مۇستەتلىكىچىلىكىگە قارشى ھەر خىل پارتىيەلەر قۇرۇلۇپ، قوراللىق توپىلاڭلار كەينى ـ كەينىدىن كۆتىرىلگەن («ئۇيغۇرلار» قاتارلىق ئۈچ كىتابقا قارشى مۇھاكىمە يىغىن خاتىرىلىرى مەجمۇئەسىدىن) بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ مەقسىتى «خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت» بولغان (مۇشۇ يىغىندا ۋاڭ ئىنماۋنىڭ قىلغان سۆزىدىن).

خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان «مىللەتلەر تەربىيەسى»،  «سوتسالىزم تەربىيەسى»، «مىللىي مەسىلە تەربىيىسى» (كومپارتىيەنى، خىتاي ئازاتلىق ئارمىيەسىنى، ۋەتەننى سۆيۈش)، ئوخشاش قىرىق يىلدىن بېرى ئېلىپ بارغان ئىدېئولوگىيىلىك قالغاندىن كېيىن يەر داۋاسىغا ئۆتۈپ، ساختا ئۇيغۇر تارىخىنى يېزىپ چىقىپ، خەلق ئارىسىدا ئۆزىنى مۇستەتلىكىچىلىكتىن ئاقلاشقا تارىخىي ئاساس ياراتماقچى بولۇشماقتا. ئاتالمىش بۇنداق تارىخلار تۆۋەندىكىلەر: «ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى» (تارىخ قىسمى 1982- يىل)، «شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسى» (1984-يىل)، «ئۇيغۇر تارىخى» (1988-يىل)، «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» (1990-يىل)، «ۋەتەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتا ئۈگىنىش ماتېرىياللىرى» (1990-يىل)، «مىللىي مەسىلە توغرىسىدىكى ئۆگىنىش تېزىسى» (1990-يىل)، «ئۇيغۇرلار»  قاتارلىق ئۈچ كىتاپ مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزلەر توپلىمى» (1991-يىل)، «ئۇيغۇرلار» قاتارلىق ئۈچ كىتاپنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرىدىكى خاتالىقلاردىن 100 مىسال» (1991-يىل)، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» غا رەدىيە» (1991-يىل) ۋە باشقىلار.

خىتايلار تەرىپىدىن يېزىلغان مۇشۇ كىتابلاردا مىللىي تارىخىمىزنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇنلىرى ئۈستىلىق بىلەن سىڭدۈرۈلگەن:

1. شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ دەۋىرلىرىنى خىتاينىڭ سۇلالە تارىخى دەۋىرلىرىگە باغلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئۆزىگە خاس دەۋىرلىرىنى ئىنكار قىلىش. ئەگەر شۇنداق دەۋىرلەشتۈرۈلىدىكەن، بۇ ھالدا «ۋەتەن بىرلىكىگە مۇخالىپ ھەرىكەت» دەپ قارىلىشى لازىم دېيىلمەكتە. بۇ خىل خىتايچە پرىنسىپ «ئۇيغۇر تارىخى خىتاي تارىخىنىڭ بىر قىسمى» دېگەن قاراشنى شەرقىي تۈركىستان تارىخىغا سىڭدۈرۈشنىڭ بىر ئۇسۇلى قىلىنماقتا.

2. شەرقىي تۈركىستان (ئۇلارچە «شىنجاڭ») تارىخىنى ئۇيغۇر تارىخىدىن بولۇپ قاراش لازىممىش. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، شەرقىي تۈركىستان تارىخى ئۇ بارلىق مىللەتلەر تارىخى ۋە بولۇپمۇ بۇ زېمىندىكى خىتايلار تارىخى بولارمىش. ئۇلار بۇ داۋانى تارىخقا سىڭدۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكىچە ساختا مەلۇماتلارنى ئاساس قىلىشماقتا. يەنى شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلى ۋەتىنى ئەمەسمىش، بەلكى تارىم، تۇرپان ۋادىسى خەن سۇلالىسى دەۋىرىدىن تارتىپ (مىلادىدىن 200 يىل مۇقەددەم) خىتاي يېرى بولغانمىش. ئۇيغۇرلار 8- ئەسىردە ئورخۇن ۋادىسىدىن بۇ زېمىنغا كۆچۈپ كەلگەنمىش. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ئۇيغۇرلار تارىم ۋە تۇرپان ۋادسىدىكى خىتاي، ھىند، تىبەت ۋە پارىس خەلقلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ، ھازىرقى ھالغا كەلگەنمىش. شۇڭا ئۇلار شەرقىي تۈركىستاننى ئۇيغۇرلار زېمىنى دېمەستىن، ھەتتا بۇ زېمىننىڭ تارىخىنىمۇ ئۇيغۇر تارىخىدىن  بولۇپ قارىماقتا ۋە بۇ خىل يەر داۋاسى چۈشەنچىسىنى ئۇيغۇر تارىخىغا تاڭماقتا. مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ «چېگارا رايونىدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتكە» چىقارماقتا. بۇ ئۇقۇم ھازىر كەڭ قوللىنلماقتا.

3. ئۇيغۇرلار ھۇنلار بىلەن جۇجانلارنىڭ، تۈركلەر بىلەن سيانپىلارنىڭ تەركىبىي قىسمى بولمىغانمىش، چۈنكى ئۇيغۇر دېگەن بۇ خەلق خىتاي مەنبەلىرىدە 6- ئەسىردە ئۇچرارمىش، ئۇندىن بۇرۇن ئۇيغۇر خەلقى تېخى پەيدا بولمىغانمىش. قىسقىسى، ئۇيغۇرلار تۈرك ئەمەسمىش.

4. ئۇيغۇرلار خىتايلار بىلەن ئۇرۇش قىلمىغانمىش. چۈنكى ئۇيغۇرلار خىتاي پۇقراسى بولغىنى ئۈچۈن ئۆز ئېگىسىگە قول كۆتەرمىگەنمىش. شۇنداقلا خىتايلار تۈركلەر بىلەن ئۇرۇشقاندا ئۇيغۇرلار خىتايلار تەرەپتە بولغانمىش. 18- 19- ئەسىردىكى خىتاي باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي ئازاتلىق ئۇرۇشلار بولسا، ئۇلارچە، خىتايلارنىڭ يەرلىك بۆلگۈنچىلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ئېكەنمىش.

5. ئۇيغۇرلارنى خىتايغا بېقىندى، ئاجىز، كىچىك، مەدەنىيىتى تۆۋەن، تارىخىي قىسقا قىلىپ كۆرسىتىش. ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە قىلىنسا، ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى ئۆسۈپ قالارمىش. تارىم ھەم تۇرپان ئويمانلىقىدىكى مىلادىدىن بۇرۇنقى ھەم كېيىنكى مەدەنىيەت ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ ئەمەسمىش. بەلكى خىتاي، ساك، ئۇيسۇن، يوپى، ھىند، پارس خەلقلىرىغا مەنسۇپمىش. چۈنكى بۇلار تارىم ئويمانلىقىدا قەدىمدىن پائالىيەت ئېلىپ بارغان خەلقلەرمىش.

6. شەرقىي تۈركىستاندىكى يەر ـ سۇ ئاتلىرىنى (توپونومىكا) خىتايچە بېرىش، بۇنىڭ بىلەن بۇ زېمىننىڭ ئەزەلدىن خىتاي يېرى ئىكەنلىكىنى دەلىللەش لازىممىش.

7. شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى بايان قىلغاندا ھەرگىز تۈرك، تۈركىي دېگەن سۆزلەرنى قوللانماسلىق، چۈنكى بۇ سۆزلەر پانتۇركىزمغا ئاساس بولارمىش.

8. ئۇيغۇرلار ھېچ قاچان، ھېچ قانداق يەردە مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ ياشىمىغانمىش. ئەڭ كۆپ دېگەندە خىتاي تەركىبىدىكى بىر بۆلۈنمە خانلىق بولۇپ ياشىغانمىش. ھەتتا قاراخانىيلار دۆلىتىمۇ خىتايغا تەۋە بىر خانلىق بولغانمىش. «ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتى بولغان» دېگەن سۆز مۇستەقىللىق داۋاسىغا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ئاساس بولارمىش.

9. خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 1755- يىلى پەيدا بولۇشىنى (بۇ ئۇلارنىڭ 751- يىلقى تالاس جېڭىدە قارلۇق ئۇيغۇر ۋە ئەرەب بىرلەشمە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قاتتىق يېڭىلىپ، مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى ۋەقە) «غەربىي ئۆلكىنى تىنچلاندۇرۇش»، «ۋەتەن بىرلىكىنى كۈچەيتىش» دېگەن ئويدۇرمىلار بىلەن بوياپ كۆرسىتىش كېرەكمىش. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاشۇ مىڭ يىللىق مۇستەقىللىقىنى تارىختا كۆرسەتمەسلىك ۋە شۇنداقلا 1755- يىلدىن 1877- يىلغا قەدەر بىر ئەسىردىن كۆپرك ۋاقىت ئىچىدە خىتايلارنىڭ 6 قېتىم بېسىپ كېرگەنلىكى ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇرلار يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغانلىقى ئەھۋالىنىمۇ تىلغا ئالماسلىق، يوشۇرۇش لازىم تېپىلغان. خىتاي باسقۇنچىلىقىغا قارشى مىللىي ئازاتلىق ئۇرۇشلارنى يازغاندا، ئۇنى: «ۋەتەن بىرلىكىنى پارچىلاش بىلەن ۋەتەن بىرلىكىنى قوغداش ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش» دەپ باھلاش لازىممىش. مۇشۇ نۇقتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن جاھانگىر خۇجا، ۋەلىخان تۇرە، راشىدىن خوجا، بۇرھانىدىن خۇجا بىلەن خۇجا جاھان، ياقۇپبەگ، ئابدۇرۇسۇلبەگە ۋە ئەلاخان سۇلتان كەبى مىللىي قەھرىمانلارنى «بۆلگۈنچىلەر»، «ئاسىيلار» دەپ قارىلاش، ئەسلى ۋەتەن خائىنلىرى بولغان مىللىي مۇناپىق، ساتقۇنلارنى «ۋەتەن بىرلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشقۇچىلار» دەپ ماختاش كېرەكمىش.

تۈركىستان تارىخىنى بايان قىلغان چاغدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسىي خەۋپ خىتايلارنىڭ بېسىۋېلىپ ۋە خەن شوۋىنىزمى بولماستىن، بەلكى «بۆلگۈنچىلىك»، «يەرلىك مىللەتچىلىك» دەپ كۆرسىتىش لازىممىش. خىتايچە ئاسارەت ئاپتونومىيەسى بىلەن خىتايلاشتۇرۇشنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاتلىقى ۋە بەخت ـ سائادىتى قىلىپ كۆرسىتىش مۇۋاپىقمىش. شەرقىي تۈركىستان خىتايدىن بولۇنسە، جاھانگىرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، بالايىئاپەتكە گىرىپتا بولارمىش.

مانا، مۇشۇنداق مۇستەتلىكىچىلىك تۇرقىدىن بايان قىلىنغان ساختا «ئۇيغۇر تارىخىلىرى»غا نىسبەتەن مىللىي ۋىجدانى چىدىمىغان بىر تۈركۈم مىللىي زىيالىرىمىز جاۋاب تەرىقىسىدە ئۆز ئەمگەكلىرىنى ئېلان قىلىپ، بىزگە «تارىخ» يېزىپ بەرگۈچىلەرگە قەئىي رەددىيە بەرمەكتە. «ئۇيغۇرلار»، «ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز»، «قارخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «تارىمدىن تامچە»، «تۈركىي تىللار تەتقىقاتى»، «تارىخىي مىراس ـ قۇتادغۇبىلىك ھەققىدە بايان»، «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى»، «تارىخىي رەشىدىي» (تەرجىمە)، «تارىخ ھەمىدى»، «ئوغۇزنامە»، «چىڭگىزنامە»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى يادىكارلىقلىرى» كەبى ئەسەرلەر ئاشۇلار جۈملىسىدىندۇر. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ (ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي، ئىلاھا!) «شەرقىي تۈركىستان تارىخىي» خىتايلار توقىغان تارىخلارغا ئەڭ كۈچلۈك دەككە بەرگەن قىممەتلىك ئەمگەكتۇر.

ئەپسۇسلىنىش ئىلكىدە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە مۇجبۇرمىزكى، 60- يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ خىتايلارنىڭ تۆھمەت ۋە ساختا تارىخلىرىنى قوللايدىغان بىر تۈركۈم ئۇرۇش تارىخچىلىرى پەيدا بولدى ۋە ئۇلارمۇ بىزگە «تارىخ» يېزىپ بېرىش ۋەسۋىسىگە بېرىلىپ كەتتى. ئەگەر ۋ. ۋ. رادلوف بىلەن ۋ. ۋ. بارتولدلار يۇنان، ئەرەپ، ھىند، پارس ۋە تۈركىي مەنبەلەرگە تايىنىپ، شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى ساپ ھەم غەرەزسىز بايان قىلىشقان بولسا، تەئەججۇپكى، ن. يا. بىچۇرىننىڭ (1777- 1853- يىللار) «خەتنامەت» بىلەن «تاڭنامە» نى دەستەك قىلىپ، ئۇيغۇر تارىخىنى خىتايچە بايان قىلىشى ئوتتۇرىغا چىقتى. مانا، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ساختا مەنبەگە ئىشارە قىلغۇچىلا (بىچۇرىنغا مۇراجىئەت قىلغۇچىلار) كۆپىيىشكە باشلىدى. نەتىجسىدە بۇلار 7- ئەسىرگە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار بولمىغان، بەلكى خىتاي، ھۇن، ساك، ئۇيسۇن، ھىند، پارس، تىبەت كەبى تۈركى ئەمەس تائىپىلار بولغان، دېگەن خىتايچە چۈشەنچىلەرنى بايان قىلىشقا ۋە ئۇنى كەڭ تەرغىپ قىلىشقا باشلىدى (قاراڭ. «قەدىمكى ھەم ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى دەۋردىكى شەرقىي تۈركىستان» 1-ۋە 2- كىتابلار) ئەپسۇسكى، بۇ خىل «سوۋېت تارىخ مەكتىبىنى» ئۆزلەشتۈرگەن ئۇيغۇر تارىخچىلىرىمۇ مۇشۇ سەنەمگە دەسسىمەكتە. بولۇپمۇ ئۇلار ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئاقىل ۋە شىجائەتلىك خانلار بىلەن باھادىرلارنى «ئەزگۈچى سىنىپ ۋەكىللىرى»، «دىنىي مۇتەئەسسىپلەر»، «پانئىسلامستلار»، «پانتۇركىستلار»،  «چەت ئەل جاھانگىرلىرىنىڭ قۇيرۇقلىرى»، «بۆلگۈنچىلەر» كەبى قىزىل ئىدىيەلەر بىلەن ئەيىبلەشمەكتە. خىتاي مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىشتا مۇھەممەت ئەمىن بۇغرانىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى ئەستە تۇتۇش پايدىلىق: «ئىران ۋە چىندەك تولا ۋاقىتلاردا دۈشمەن بولغانلارنىڭ قەدىم تارىخ كىتابلىرىدا تۈركىستان تارىخىغا تېگىشلىك مەلۇمات خېلى تولا بولسىمۇ، تولىراق مەزمۇنى قەلەم ئىنتىقامى تۇيغۇسىدىن ۋە بىر تەرەپلىمىلىك كۆز بىلەن قاراپ يېزىلغان ئىشەنچسىز مەزمۇنلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ كىتابلاردىن توغرا مەلۇمات ئاز ئېلىنىدۇ». «خەننامە» بىلەن «تاڭنامىلار» ئەنە شۇنداق قەلەم ئىنتىقامى بولۇپ، خان قوشۇنلىرىنى ماختايدىغان، ھۇن ۋە تۈرك قوشۇنلىرىنى كەمسىتىدىغان بىر ئەپسانىلاردۇر. مۇشۇنداق لاپ بىلەن توقۇلغان «سۇڭۋۇكۇڭنىڭ غەربكە يۈرۈشى» ناملىق جەڭنامىمۇ ئۆزىنى كۆتىرىش، تۈركلەرنى پەس كۆرۈش ھېسسياتى بىلەن يېزىلغان (بۇ ئەسەر ئاساسىدا ئىشلىگەن كۆپ سىرىيەلىك فىلىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان).

خۇش، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخى باشقىلار تەرىپىدىن شۇنچىلا مونوپولىيە قىلىنغان ھەم بۇرمىلانغان؟ بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا، بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئەمەسلىكى ۋە بەلكى مۇستەملىكە بىر ئەل بولۇپ قالغانلىقى. ئايانكى، ھېچ قانداق مۇستەقىل بىرمىللەتنىڭ تارىخى باشقىلار تەرىپىدىن خالىسانە يېزىپ بېرىلگەن ئەمەس، ھەم يېزىپ بېرىلمەيدۇ.

گەرچە مۇستەتلىكىچىلەر ئۇيغۇرلارغا قارشى دىكتاتۇرا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرى ئىشلەپ چىققان ساختا ئۇيغۇر تارىخلىرىنى مەكتەپلەردە ئوقۇشقا ۋە خەلق ئىچىدە «ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىش»قا ئېرىشەلىگەن بولسىمۇ، لېكىن مىلليونلىغان ئۇيغۇر خەلقى يەنىلا ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ ئەمگەكلىرىنى قولدىن ـ قولغا ئۆتكۈزۈپ ئوقۇشماقتا. ھەق گەپ كىمنى قايىل قىلمايدۇ!

ئەڭ مۇھىمى، مۇستەملىكىچى زۇراۋان كۈچلەر خارىجىي ئەللەردىكى يېرىم مىلليوندىن ئۇشۇق ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسىنى تاڭالمايدۇ. بىز «ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلغانلىقىمىز» ئۈچۈن (ئىيسا يۈسۈپ ئالپتىكىن) ھەقىقىي ئۇيغۇر تارىخىنىڭ دەۋاگەرلىرى بولۇپ قالماقتىمىز. بۇ كۈچ ساپ تارىخىمىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ ئىشەنچىلىك كاپالىتى. ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ م. بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نى تۈركىيەدە نەشىر قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق. ھەمدۇللا تۇرپانىيىنىڭ «تۈركىستان تارىخى» (مەككە)، ت. ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» (ئالماتا)، «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» (گ. ئىسقاقوۋ رەھبەرلىگىدە، رۇسچە، ئالمۇتا)، م. قۇتلۇقوۋ «مۇڭغۇللار ئىشخالىيىتىدىكى شەرقىي تۈركىستان» (موسكۋا)، د. ئېسيېۋ «يەتتە شەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى» (ئالماتا)، ل. ن. گۇمىلوۋ «قەدىمكى تۈركلەر» (موسكۋا)، د. ئىكەنلىكى. تىخونوۋ «10- 14- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەم جەمئىيەت تۈزۈلۇشى» (موسكۋا) ۋە باشقا ئۇيغۇر تارىخلىرى خەن شۇۋىنستلىرىنىڭ سىياسىي تارىخىدىن، مەپكۇرەۋىي ئىسكەنجىسىدىن خالىي يېزىلغان ئەسەرلەردۇر.

بىز تارىخىمىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىشتا يەنىمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئېغىر ھەم مۇرەككەپ ۋەزىپە، خۇددى مۇشۇ مەقسەتتە جاي ـ جايلاردا خەلقنىڭ ئاممىۋىي تارىخ جەمئىيەتلىرى ۋە گۇرۇپپىلىرى تەشكىل قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ تەشكىللىك، باسقۇچلۇق، پىلانلىق ئىش ئېلىپ بېرىشى لازىم ھەم مەقسەتكە مۇۋاپىق دەپ ھېسابلايمىز.

ئىلاۋە: خىتايلار 1755- يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالدى، دېيىش توغرا ئەمەس. چۈنكى 1755- يىلىدىن 1877- يىلىغىچە 122 يىل ئىچىدە خىتايلار 6 قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، ئۇيغۇرلار ئۇلارنى بەش قېتىم قېرىپ تاشلىغان. دېمەك، خىتايلار بۇ مەزگىل ئىچىدە 50 يىل بېسىپ تۇرغان بولسا، ئۇيغۇرلار 70 يىل مۇستەقىل تۇرغان. بۇ دەۋرىنى بېسىپ ئېلىش بىلەن بېسىپ ئېلىشقا قارشى تۇرۇش دەۋرى، يەنى تىركىشىش دەۋرى دەپ بايان قىلىش مۇۋاپىق. پەقەت 1877- يىلىنى خىتايلارنىڭ رەسمىي بېسىۋالغان ۋاقتى قىلىپ كۆرسەتسەك، تارىخقا ئۇيغۇن.

  

 

 

باش بەت

aturan2003@yahoo.com

بارلىق نەشر ھوقۇقى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىغا ئائىت

 All Rights Reserved Taklamakan Uyghur Publishing 2007 --- 2009 http://www.uyghurweb.net