English

Türkçe

 

عربي

ئۇيغۇرچە

 

 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مائارىپ سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى

دولقۇن ئىيسا

 كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 50 يىلدىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئاسسىملاتسىينىڭ ئەڭ رەزىل، ئەڭ ۋەھشى ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ كەلدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، دىنىي ۋە ئىقتىسادىي ھەقلىرىنى تالان – تاراج قىلىش بىلەن بىرگە، مەدەنىي مائارىپ ساھەسىدىمۇ ئەڭ ۋەھشى ئاسسىملاتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەقلىرىدىن بىرى بولغان بىلىم ئېلىش ۋە تەربىيېلىنىش ھەقلىرىمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى تەرۈزغا ۋە تەھدىتكە ئۇچرىماقتا.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مائارىپىنى يوق قىلىپ، نادان قالدۇرۇپ، زىھنى قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، دۇنيادىن بىخەۋەر قىلىپ باشقۇرۇش سىياسىتى، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى بارلىق خىتاي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ئورتاق سىتراتېگىيسى ۋە ئۆزگەرمەس سىياسىتى بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ 1912 – يىلىدىن 1928 – يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان جاللات ياڭزىڭشىڭ دەۋرىدە مىللەتنى نادان قالدۇرۇپ ئىدارە قىلىش سىياسىتى رەسمىي قېلىپ شەكلىنى ئېلىپ سىستېمىلىق ھالدا يۈرگۈزۈلدى. پۈتۈن پەننىي مەكتەپلەرنى تاقاپ، (ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت پەننىي مەكتەپلەرنىڭ سانىمۇ ئىنتايىن ئاز ئىدى) ساۋاتلىق ئىنسانلاردىن ھەرخىل بانا سەۋەپلەرنى ۋە جىنايەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ تۈرمىلەرگە تاشلىدى. مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۆلتۈرۈپ يوقاتتى. قۇرئاندىن باشقا ھەرقانداق نەرسىلەرنى ئوقۇش چەكلەندى. ئۇلۇغ ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بۇرمىلاپ، ئىسلام دىنىمىزنى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلىدى. خۇراپاتلىق ناھايىتى ئېغىرلىشىپ، خەلقىمىز نادانلىق ئىچىدە تۇنجۇقتۇرۇلۇپ، جان بېقىشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى ھېچقانداق قىيىنچىلىق تارتماستىن 17 يىل ئۆزى خالىغانچە تالان – تاراج قىلغان ئىدى. ياڭزىڭشىڭنىڭ بۇ سىياسىتى ئۇنىڭدىن كېيىنكى خىتاي ھۆكۈمرانلىرى تەرىپىدىنمۇ شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىشتا چوڭ بىر دەستۇر سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، ئىجرا قىلىنىپ كېلىندى.

1933 ۋە 1944 – يىلى قۇرۇلغان 2 قېتىملىق مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىگە كەلگەندىلا، خەلقىمىز مائارىپنىڭ، بىلىمنىڭ تەمىنى تېتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. بولۇپمۇ، 1944 – يىلىدىن 1949 – يىلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋردە، مىللىي مائارىپتا ئالاھىدە گۈللىنىش مەيدانغا كەلدى. نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەر ئېچىلدى. جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى يىللىق مالىيەسىنىڭ ئۈچتە بىرىنى مائارىپ راسخوتى ئۈچۈن سەرپ قىلدى. قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مائارىپىنىڭ يېڭىدىن ئاساسى تىكلىنىپ بولغان ئىدى. ئەپسۇسكى، 1949 – يىلى شەرقىي تۈركىستان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، ئېچىنىشلىق سىياسىي تارىخىنى باشلاش بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەمدىلا راۋاجلىنىۋاتقان مىللىي مائارىپىمۇ يوقىلىشقا، نابۇت بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى. كوممۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان 50 يىلدىن بۇيان، خەلقىمىزنى نادان قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل ھىلە – مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ كەلدى. ئۆز ئالاھىدىلىكىمىزگە خاس مىللىي مائارىپىمىزنى تامامەن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خىتاي مائارىپ سىستېمىسى يولغا قويۇلدى.

خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا 50 يىل ئىچىدە ئىكى قېتىم يېزىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. خەلقىمىزنىڭ مىڭ يىلدىن بېرى ئىشلىتىپ كەلگەن ئەرەب ئىلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى، 1964 – يىلى 10 – ئاينىڭ 24 – كۈنى تامامەن چەكلەپ، خىتاي تىلى فونتىكىسىغا ئۇيغۇن قىلىپ تەييارلانغان لاتىن ئىلىپبەسىگە ئۆزگەرتتى. 1982 – يىلى يەنە قايتىدىن ئەرەب ئىلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا دادىسىنىڭ خېتىنى بالىسى، بالىسىنىڭ يازغىنىنى دادىسى ئوقۇيالمايدىغان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتا ئوچۇق – ئاشكارا ئېرقچىلىق ۋە چوڭ خىتاي مىللەتچىلىكى نوقتىئىينەزەرى بويىچە مائارىپ سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە.

بۇنىڭ مىساللىرىنى تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن ئېنىق كۆرىۋالالايمىز:

1-      شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلار باغچىسىنىڭ سانى 1127 بولۇپ، بۇ بالىلار باغچىسىدا جەمئى 131 مىڭ 645 نەپەر بالا بار. بۇنىڭ ئىچىدە  94 مىڭ 626 ناپىرى خىتاي بالىلىرى بولۇپ، قالغان 37 مىڭ 19 نەپەر بالا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق يەرلىك خەلقنىڭ بالىلىرىدۇر. ئومۇمىي نوپوسنىڭ 55 پىرسەنتىنى ئىگەللىگەن يەرلىك خەلقنىڭ بالىلار باغچىسىدىكى سانى 28 پىرسەنت بولسا، نوپوسنىڭ 45 پىرسەنتىنى ئىگەللىگەن خىتاي بالىلىرى 72 پىرسەنتنى ئىگەللىمەكتە. بۇ بالىلار باغچىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۈرۈمچى، شىخەنزە، قارىماي قاتارلىق خىتاي نوپوسى زىچ بولغان شەھەرلەردە بولۇپ، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردە بالىلار باغچىسىنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز. ناھىيە ۋە يېزىلاردا بالىلار باغچىسىنى تېپىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. يۈزمىڭلارچە ئۇيغۇر بالىلىرى، بالىلار باغچىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. بۇ بالىلار باغچىسىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر 11 مىڭ 961 نەپەر بولۇپ، يالغۇز خىتايلار 9 مىڭ 741 نەپەر يەنى ئومومىي ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ 82 پىرسەنتىنى ئىگەللىسە، قالغان يەرلىك ئىشچى – خىزمەتچىلىرى 2 مىڭ 160 نەپەر بولۇپ، ئومومىي ساننىڭ 18 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ.

2-      باشلانغۇچ مەكتەپ 7494 بولۇپ، جەمئى ئوقۇغۇچى 1 مىليون 842 مىڭ 100 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك خەلقنىڭ ئومومىي ئوقۇغۇچى سانى 1 مىليون 205 مىڭ 627 نەپەر بولۇپ، ئومومىي ئوقۇغۇچى سانىنىڭ 66 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى 636 مىڭ 473 نەپەر بولۇپ، ئومومىي ئوقۇغۇچى سانىنىڭ 35 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ.

دېمەك، يۇقىرىقى بالىلار باغچىسى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ستاتىستكىدىن شۇنى ئېنىق كۆرۈش مۇمكىنكى، خىتاي بالىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بالىلار باغچىسى تەربىيىسى كۆرۈپ، ئاندىن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا مىللەت بالىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بالىلار باغچىسىدا دەسلەپكى تەربىيە ئېلىش ئىمكانىيىتىدىن مەرھۇم بولماقتا.

ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان نۇرغۇنلىغان يېزا ۋە مەھەللىلەردە مەكتەپ يوق بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قانچە كىلومىتىر يولنى پىيادە بېسىپ، مەكتەپكە بېرىشىغا توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىن كېيىنكى ئوقۇشتا تېخىمۇ زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. نۇرغۇنلىغان يېزىلاردا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بولمىغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئوقۇش ھاياتىنى باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن تۈگىتىشكە مەجبۇر بولماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن باشلانغۇچ مەكتەپتە 65 پىرسەتنى تەشكىل قىلغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئومومىي ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 46 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلسا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بۇ سان 36 پىرسەنتگە چۈشۈپ قالىدۇ. نوپوسى 10 مىڭدىن ئاشقان خىلى چوڭ يېزىلاردا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ يوق جايلار كۆپ. بۇ تۈپەيلى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يېزا بالىلىرىنىڭ 60 پىرسەنتى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشتىن مەھرۇم قالماقتا. قالغان 40 پىرسەنت ئوقۇغۇچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئەممە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كەلگەندە بۇ ساندا زور تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر پەقەت شەھەرلەردە، ناھىيە مەركەزلىرىدە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 80 پىرسەنتى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قاتناش ۋە ئىقتىسادىي سەۋەپلىرى تۈپەيلىدىن شەھەر ۋە ناھىيە بازارلىرىغا كېلىپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. نەتىجىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 10 مىڭلارچە ياش، ئوتتۇرا ئەسىر ھالىتىدە بولغان يېزىلاردا ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكنىڭ قۇربانى بولماقتا.

3-      شەرقىي تۈركىستاندىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا  مەكتەپلەر 1211 بولۇپ، بۇنىڭدا ئوقۇۋاتقان ئومومىي ئوقۇغۇچى 638 مىڭ 47 نەپەر. ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 295 مىڭ 276 نەپەر بولۇپ، ئومومىي ساننىڭ 46 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى 342 مىڭ 771 نەپەر بولۇپ، 54 پىرسەنتتىنى ئىگەللەيدۇ.

4-      يېزا ئىگىلىك كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپلەر 119 بولۇپ، ئومومىي ئوقۇغۇچىسى 64 مىڭ 679 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 13 مىڭ 745 نەپەر بولۇپ، ئومومىي ساننىڭ 21 پىرسەنتتىنى ئىگەللەيدۇ. خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى 51 مىڭ 224 نەپەر بولۇپ، ئومومىي ساننىڭ 71 پىرسەنتتىنى ئىگەللەيدۇ. بۇ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتىدە خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى 83 پىرسەنتتىنى تەشكىل قىلسا، يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئاران 17 پىرسەنتتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

5-      شەرقىي تۈركىستاندىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر 797 بولۇپ، ئومومىي ئوقۇغۇچى سانى 255 مىڭ 151 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 92 مىڭ 406 نەپەر بولۇپ، 36 پىرسەنتتىنى ئىگەللەيدۇ. خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى 162 مىڭ 745 نەپەر بولۇپ، 64 پىرسەنتتىنى ئىگەللەيدۇ.

يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى ئېنىق كۆرۈش مۇمكىنكى، باشلانغۇچ مەكتەپتە 1 مىليون 205 مىڭ 627 نەپەر بولغان يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەقەت 92 مىڭ 406 نەپىرىلا يەنى 7،7 پىرسەنت ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولماقتا. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شەھەرلەردە ياشىغان ئىنسانلارنىڭ تەلەيلىك بالىلىرىدۇر. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە 60 تىن ئارتۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بار بولۇپ، بۇنىڭ 55 دىن كۆپرەكى خىتاي بالىلىرى ئوقۇيدىغان ئوتتۇرا مەكتەپلەر، پەقەت بەش مەكتەپلا يەرلىك مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدۇر. دېمەك، نوپوسنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى دېھقان بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەققى بولغان بىلىم ئېلىش، تەربىيلىنىشتىنمۇ مەرھۇم ياشاشقا مەھكۇم قىلىنماقتا.

بىزنىڭ يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن سانلىق مەلۇماتلىرىمىز، خىتاي رەسمىي دائىرەلىرىنىڭ ستاتىستكىلىرىغا (شىنجاڭ يىلنامىسى 1990 – يىل، 1279 – بەت) ئاساسلانغان بولۇپ، رېئاللىقتىن كۆپ ئۇزاق. ئەمەلىيەتتە ھەقىقى ئەھۋال تېخىمۇ پاجىئەلىك ۋە ئېچىنىشلىقتۇر. ئەمما خىتايلار قانچىلىك ساختىلىق قىلىپ، ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان مائارىپ ساھەسىدىكى ئاسسىملاتسىيە، ئېرقچىلىق سىياسىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى پۈتۈنلەي يوشۇرالمايدۇ.

 

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالى

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانى 20 بولۇپ، ئومومىي ئوقۇغۇچى سانى 31 مىڭ 661 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 18 مىڭ 41 نەپەر، خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 13 مىڭ 620 نەپەر. ئەمما ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى 90 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، مىللىي ئوقۇغۇچىلار 30، 35 مىڭ ئەتراپىدا، خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى بولسا 60 مىڭ ئەتراپىدا. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قېلىنىشى ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3500 ئەتراپىدا بولۇپ، 11 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىدا بولسا ئەھۋال پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالىي مەكتەپلەردىن باشقا خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قېلىنىدۇ. بۇنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش نىسبىتى 60 پىرسەنتىن يۇقىرىدۇر.

شەرقىي تۈركىستاندا ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئومومىي سانى 17 مىڭ 162 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ سانى 4963 نەپەر بولۇپ، ئومومىي ساننىڭ 29 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. خىتايلار 12 مىڭ 199 بولۇپ 71 پىرسەنتنى ئىگەللەيدۇ.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇ – ئوقۇتۇش تامامەن خىتاي تىلى بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا. پەقەت ئۈرۈمچى ئۇنىۋىرسىتېتىدىلا يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتۈلۈپ كەلگەن ئىدى. ئەمما 1998 – يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى ئۇنىۋىرسىتېتىدىمۇ خىتايچە دەرس ئۆتۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇر مۇئەللىملەرنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا خىتايچە دەرس سۆزلەشكە مەجبۇر قىلماقتا.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تامامەن ئانا تىلىدا ئوقۇغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن، بىر يىل مەخسۇس خىتاي تىلى ئۆگىنىدۇ. خىتاي تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى پۈتۈنلەي باشقا – باشقا تىل سىستېمىسىغا تەۋە تىللار بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر يىلدا خىتاي تىلىنى تامامەن ئۆگىنىپ بولۇشى ئېھتىمالى يوق. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزلەشتۇرىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا خىتايچە دەرس سۆزلىشى تولىمۇ مەنتىقسىز ئەھۋال بولۇپ، بۇنىڭ ئاستىغا ئىنتايىن يامان سىياسىي غەرەز يوشۇرۇنغان. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا قەستەن قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىپ، ئاستا – ئاستا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانىنى تېخىمۇ ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان. بۇنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتى بولسا، ئاسسىملاتسىيە قىلىشنى تېزلىتىپ، مىللىي مائارىپنى تامامەن يوق قىلىشتۇر.  ئەمەلىيەتتىمۇ ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرمەسلىك ئۈچۈن ھەرخىل سۈنئىي توسۇقلارنى پەيدا قىلماقتا. ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاب ۋە پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ سانى ۋە تۈرى ئىنتايىن ئاز، بەلكى يوق دېيەرلىك. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەجبۇرىي خىتايچە ماتېرىياللارغا زورلانماقتا. شۇنداقلا مىللىي ئوقۇغۇچىلاردا يەنە نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتتە پراكتىكا قىلىش ئىمكانىيىتى يوق.

ئالىي مەكتەپتە 4 يىل فېزىكا ياكى ماتېماتىكا ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كومپىيوتىر ئىشلىتىشنى بىلىدىغانلىرى ئىنتايىن ئاز. تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى، تەجرىبەخانىلار بولسىمۇ ئۇلاردىن پايدېلىنىش، ئەمەلىي بىلىمنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتى يوق بولماقتا.

ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش ئىشلىرىمۇ ئوخشاشلا توسالغۇغا ئۇچرىماقتا. ئۇيغۇر پروفېسسورلارنىڭ كاتىپ (ئاسىستان) ئىشلىتىشىگىمۇ ئىقتىسادىي ۋە باشقا سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ قىيىنچىلىق پەيدا قىلماقتا. چەتئەللەرگە بىلىم ئاشۇرۇش ۋە ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشقا چىقىرىشتا، مىللىتىنىڭ ئۇيغۇر ياكى باشقا ئاز سانلىق مىللەت بولۇشى زور توسالغۇ بولماقتا.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ شارائىتى بىلەن خىتاي مەكتەپلىرىنىڭ شارائىتى ئارىسىدىكى پەرق كىشىنىڭ جىددىي دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغايدىغان ۋە ئويغا سالىدىغان ئېچىنىشلىق بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرمەكتە. ئۇيغۇر باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى، توپا – كىسەكتىن سېلىنغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان سىنىپلارنىڭ دەرىزىسى يوق. 2 ، 3 كۈنلا ئارقا – ئارقىدىن يامغۇر ياغسا، سىنىپلاردا دەرس ئوقۇش مۇمكىن ئەمەس. بالىلارنى تەتىل قويۇپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى سىنىپلارنىڭ ئۈستىدىن يامغۇر ئۆتۈپ كېتىدۇ. 3 ، 4 بال يەر تەۋرەش بىلەن نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىمالى كېلىپ چىقىدۇ. سىنىپلاردا پار بولمىغاچقا قىش ۋاقىتلىرىدا نۆلدىن تۆۋەن 30 گرادۇس سوغۇقتا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىنتايىن قىيىن بولماقتا. بەزى مەكتەپلەر مەشكە ئوت قالاپ قويۇشنى داۋاملاشتۇرسىمۇ، نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە يېقىلغۇنىڭ يوقلىقى سەۋەبىدىن چارىسىز ھالدا قالماقتا. ھەر بىر سىنىپتا 50 ، 60 بالا ئوقۇپ، ئۇزۇنلىقى 120 سانتىمىتىر، كەڭلىكى 50 سانتىمىتىر كېلىدىغان ئۈستەلدە ئۈچ ئوقۇغۇچى ئولتۇرۇپ ئوقۇشقا توغرا كەلمەكتە. ئەمما ئەھۋال خىتاي مەكتەپلىرىگە كەلگەندە پۈتۈنلەي باشقىچە. خىتاي مەكتەپلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قەۋەتلىك بىنالار بولۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنىڭ ھېچبىرسى ئۇلاردا مەۋجۇت ئەمەس.

شەرقىي تۈركىستاندىكى مەكتەپلەردە يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن مەسىلىلەردىن باشقا مەكتەپلەردىكى سىياسىي تەھدىت ۋە تەقىبلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال ئوقۇش ھاياتىدا ئەنسىزلىك ۋە ئېغىر روھىي بېسىم پەيدا قىلماقتا. ئوقۇغۇچىلاردا دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ھەرقانداق بىر سىياسىي ياكى ئىجتىمائىي ۋەقەلەرگە قارىتا چۈشەنچىسىنى، كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ياكى دەرسىدە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە سورىغان بىرەر سوئال ياكى تەنەپپۇستا دوسكىغا يېزىپ قويغان "شەرقىي تۈركىستان" ئاتالغۇسى سەۋەبىدىن بىر قانچە يىللاپ تۈرمىگە مەھكۇم قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەردە بۇ خىل ئەھۋاللار ھەر دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئەڭ كۈلكىلىك ۋە ئېچىنىشلىقى شۇكى، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن ئالىي مەكتەپلەردە ساقچى ئىدارىسى تەسىس قىلىندى. بۇ خىل ئەھۋال شەرقىي تۈركىستاندىن باشقا خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە مەۋجۇت ئەمەس. دېكتاتۇرنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلى سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنى بىر مەكتەپتە ئەمەس، بەلكى ئۈستى ئوچۇق بىر تۈرمىدە يېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، بىخەتەر، خاتىرجەم ئوقۇش مۇھىتىدىن تامامەن مەھرۇم قالماقتا.   

 

باش بەت

aturan2003@yahoo.com

بارلىق نەشر ھوقۇقى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىغا ئائىت

 All Rights Reserved Taklamakan Uyghur Publishing 2007 --- 2009 http://www.uyghurweb.net