|
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ يېتۈك ئۇستازى
ـــ
ئابدۇلھىمىت يۇسۇف
داموللا ھاجىم 1994- يىل 11- ئاينىڭ 12- كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى چاقناپ تۇرغان بىباھا
گۆھەرلەرنىڭ بىرى. ئاشۇ قىممەتلىك گۆھەرنى جاھانغا تونۇتۇش، راۋاجلاندۇرۇش
ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، نەچچە مىڭلغان شاگىرتلارنىڭ ئىلىمگە
بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مىليونلىغان بىمارلارنىڭ دەردىگە
داۋا، رەنجىگە شىپا بولۇشىغا تۈرتكە بولغان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تۈركىي
تىللار تەتقىقاتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان، ئۆزىنى ۋەتەن، خەلققە
بېغىشلىغان، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇلغان ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر
تىلشۇناس، تارىخچى، ئەدىب، كامالەتكە يەتكەن ئالىم ئابدۇلھېمىد يۇسۇف
داموللا ھاجىمنى خەلق ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ. «مەرھۇم ئالىمنىڭ شانلىق ئىش ـ
ئىزلىرى مەڭگۈ خاتىرىلەشكە ۋە ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ».
بۇ
يىل بۇ مۆھتەرەم زاتتىن ئايرىلغىنىمىزغا 12 يىل بولدى. مەن ئالىمنىڭ ھايات
سەرگۈزەشتىلىرى، ئىجادىي پائالىيەتلىرى جۈملىدىن ۋەتەنگە، خەلققە قوشقان
تۆھپىلىرىنى ئەسلەپ، بىلگەنلىرىمنى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش
مەقسىتىدە بۇ ماقالىنى يازدىم.
ئابدۇلھېمىديۇسۇف داموللا ھاجىم 1919 - يىل 5 - ئايدا قەدىمىي شەھەر
خوتەندە ئوقۇمۇشلۇق، مەرىپەتپەرۋەر تىۋىپ يۇسۇف ئاخۇنۇم ئائىلىسىدە دۇنياغا
كەلگەن. ئۇ كىچىكىدىنلا ناھايىتى زېرەك ئىدى. ئۇ تۆت ياشقا كىرگەندە دادىسى
يۇسۇف ئاخۇنۇم ئۇنى غوجامكۆل بېشىدىكى دىنىي مەكتەپكە بېرىدۇ. ئۇ بۇ
مەكتەپتە بىر مەزگىل ئوقۇپ قۇرئان ساۋادى چىققاندىن كېيىن، قاراقاشقا بېرىپ
ئوقۇيدۇ ۋە ئەرەب، پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىدۇ، روزى ئەمەت داموللامدىن
ھۆسىنىخەت يېزشنى ئۆگىنىدۇ. 1933 - يىلى خوتەندە قۇرۇلغان دارېلئۇلۇمدا
ئوقۇيدۇ.
1935
– 1939 - يىلىغىچە شۇ يەردىكى خەلقنىڭ تەلىپىگە بىنائەن خوتەن تەبرىزىم
مەسجىدىدە خاتىپلىق قىلىدۇ. ئۇ بوش ۋاقىت تاپسىلا دادىسىدىن تىبابەتچىلىكنى
زور قىزىقىش بىلەن ئۆگىنىدۇ.
1940
– 1946 - يىلغىچە ئۇ ھىندىستاندا ئوقۇپ يۇقىرى ئۇنۋان ئالغان قاراقاشلىق
مۇھەممەد نىياز مەۋلىۋىدە ئوقۇيدۇ. 1946 – 1949 - يىلىغىچە ئۆزىنىڭ ئەرەب،
پارس تىلى جەھەتتىكى ئاساسىغا تايىنىپ، دەسلەپتە تۈرك تىلىنى ئۆگىنىدۇ،
كېيىن يونۇس ھاجىمدىن ئوردۇ تىلىنى ئۆگىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ يەنە پارس تىل
ـ ئەدەبىياتى، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىلاھىيەت پەلسەپىسىگە دائىر كلاسسىك
ئەدەبىيات ۋە دىنىي ئەسەرلەرنى ئۆگىنىدۇ. بولۇپمۇ دۇنياغا شەرقنىڭ
مېتافىزىكى دەپ تونۇلغان مەۋلانە جالالىددىننىڭ ئالتە توملۇق ئەسىرى
«مەسنىۋى شىرىپ» نى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدۇ. فارابى، ئىبنى سىنا، مۇھەممەد
غەززالى، موھيىددىن ئەرەبى قاتارلىق ئىسلام پەيلاسوپلىرىنىڭ كۆز
قاراشلىرىنى شەرھلەيدۇ. ئەزەربەيجان شائىرى فۇزۇلىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە
ئىراننىڭ مەشھۇر ئەدىبى شەيخ سەئىدنىڭ «گۈلىستان» ۋە «بوستان»، مەۋلانە
شەمىسى تەبرىزىنىڭ «كۇللىياتى تەبرىزى» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى قېتىرقىنىپ
ئۆگىنىدۇ. ئەرەب ئوتتۇرا ئەسىر ئەدەبىياتىغا دائىر ئەسەرلەردىن «ماقاماتى
ھەرىرى، مۇتىنەببى» ناملىق ئەسەرلەرنى ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىدۇ.
ئابدۇلھېمىد يۇسۇف داموللا ھاجىم 1950 ـ يىلىدىن كېيىن خوتەندە ئېچىلغان
تببىي خادىملارنى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىدۇ، ئاندىن خوتەن شەھىرىدە
قۇرۇلغان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك شىپاخانىسىدا ئىشلەيدۇ، كېيىن ئىچكى
كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا بىر تەرەپتىن كونكرېت
خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن تىۋىپ تەربىيىلەشكە
ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، 10 نەپەر ياش تەربىيىلەپ يېتىشتۇرۇپ، ئەينى
چاغدىكى كېسەللىك كۆپ، تېببى خادىم كەمچىل بولۇشتەك قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش
جەھەتتە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
ئابدۇلھېمىد يۇسۇف داموللا ھاجىم ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدە ئۆگەنگۈچىلەر
كۆپ، ماتېرىيال قىس بولۇشتەك ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئۇزاق ۋاقىت
جاپالىق ئىزدىنىپ، ئۆزىنىڭ داۋالاش جەھەتتىكى ئەمەلىي مەشغۇلات داۋامىدا
ھاسىل قىلغان تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ساھەسىدە تۇنجى
بولۇپ، «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يەككە دورىلار
لۇغىتى» ناملىق كىتابنى يېزىپ چىقىدۇ ھەمدە كىتابتىكى خەنزۇچە، ئەرەبچە،
ئىنگلىزچە، پارسچە، ئوردۇچە، روسچە ئاتالغۇلارغا ئىزاھات بېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ
ئەمگىكى 1955 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى تەرىپىدىن ماددىي
ۋە مەنىۋى مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ جاپالىق مىھنىتى ئارقىلىق
ئۇيغۇر تېبابىتى ئىلمىنىڭ قىممىتىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
ئەينى چاغدا تىۋىپلىققا دائىر كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى پارس تىلىدا بولغاچقا،
مۇكەممەل تىۋىپ ۋە ھېكىم بولۇش ئۈچۈن پارس تىلىنى بىلىش زۆرۈر ئىدى.
ئابدۇلھېمىد يۇسۇف داموللا ھاجىم بۇ زۆرۈرىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دەم ئېلىش
ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت
ئىچىدە پارس تىلى دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىقىپ شاگىرتلارغا پارس تىلى ئۆگىتىدۇ.
ئۇ يەنە بىر قىسىم تىببىي ئىجتىمائىي ماقالىلەرنى يېزىپ گېزىت، ژۇرناللاردا
ئېلان قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ «شىنجاڭدىكى مەشھۇر قەبرىگاھلار» دېگەن
ماقالىسى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ «ۋېنخۇيباۋ» گېزىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ.
ئابدۇلھېمىد يۇسۇف داموللا ھاجىمنىڭ تېزلا نام چىقىرىپ خەلق ئىچىدە يۇقىرى
ئابرويغا ئېرىشىشى بەزى كىشىلەرنىڭ ھەسەتخۇرلۇقىنى قوزغايدۇ. بۇ خىل
كىشىلەرنىڭ تەلىيىگە 1958 - يىلى ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى باشلىنىدۇ. بىر
قىسىم مەدەنىيەت ھەسەتخورلىرى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بۇ يېتۈك ئالىمغا
زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلايدۇ. ھەرىكەت باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئالىم
ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئوبېيكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئۇ بىر
يىلچە ئورۇنسىز، ناھەق كۈرەش قىلىنىدۇ. قارا نىيەتلەر ئالىمغا ياشلارغا چەت
ئەل تىلى ئۆگىتىپ ئۇلارنى زەھەرلىدى، «ئوڭچى»، «يەرلىك مىللەتچى» دېگەندەك
بۆھتانلارنى چاپلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ پاك ئىنسانغا بۇ خىل تۆھمەتلەر
يۇقمايدۇ. بىر قىسىم ھەسەتخورلار باشقىچە بىر خىل تۇزاق قۇرۇپ، ئالىمغا
خوتەننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى يېزىپ چىقىش ئىشىنى تاپشۇرىدۇ، ئۇ بۇ
ئىشنى ئەۋلادلارغا پايدىلىق ئىش ئىكەن دەپ قاراپ، ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىپ،
خوتەننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى چىن، مۇكەممەل يېزىپ چىقىدۇ. ئەپسۇسكى
ئايرىم تۇزاقچىلار بىراقلا ئۆزگىرىپ، ئالىمغا «33 - يىلىدىكى
ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ نەق شېرىكى ئىكەنسەن» دېگەن بەدنامنى
چاپلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئالىم قولغا ئېلىنىدۇ. تۈرمىدىكى ئېغىر جىسمانىي
ئەمگەك، قەبىھ قىيناشلار ۋە غورىگىل تاماقلار ئالىمنى بىر تېرە، بىر
ئۇستىخان قىلىپ قويىدۇ، لېكىن ئالىم تۈرمىدىكى كۈنلىرىنى ئۈمىدۋارلىق
ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. ئالىم تۈرمىدە مەھبۇسلارنىڭ كېسىلىنى كۆرىدۇ. كېيىنچە
گۇندىپايلارمۇ ئۇنىڭغا كېسەل كۆرسىتىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. ئۇ ئۆز
كەسپىنى تۈرمىدىكى بىر نەچچە كىشىگە ئۆگىتىدۇ. كېيىن ئۇ تۈرمە
دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيدۇ.
تۈرمە دوختۇرخانىسىدا ئالىمنىڭ ھاياتىدا ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرىلەرنى
قالدۇرىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن تۈرمىداشلىرىنى داۋالىسا، يەنە بىر تەرەپتىن
غەربچە داۋالاش ئىلمىنى ۋە خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىدۇ، كېيىن تۈرمىدە «ھايۋانات
كېسەللىكلىرىنى داۋالاش» دېگەن كىتابنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىدۇ.
ئاپتونوم رايوننىڭ بىر ئاساسلىق رەھبىرى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ
قېلىپ داۋالىنىش ئۈچۈن خوتەنگە كېلىدۇ ۋە ئابدۇلھېمىد يۇسۇف داموللا
ھاجىمنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ ئۇنى تۈرمىدىن چاقىرتىپ كېلىپ كېسىلىنى كۆرسىتىدۇ،
نەتىجىدە ئۇ رەھبەرنىڭ كېسىلى ئالىم يېزىپ بەرگەن ئىككى رېتسىپ بىلەن
سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ داڭق تۈرمە سىرتىغا
تارقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شۇ يەرلىك كىشىلەر ئۇنى تۈرمىدىن كېپىللىككە ئېلىپ
چىقىپ كېسەل كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇن بىمارلار ئۇنىڭ قولىدا شىپا تاپىدۇ. ئۇ
«ئۇيغۇر تېبابەت دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى»، «يەرلىك
ئۇيغۇر تېبابەت دورا ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن كېسەل داۋالاش ئۇسۇلى» دېگەن
كىتابلارنى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇ يەنە «ئۇيغۇر تېبابىتى ئىلمى ساۋاتلىرى» دېگەن
چوڭ ھەجىملىك كىتابنى يېزىپ نەشر قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى بىر
بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ.
1976- يىلى 11- ئاينىڭ 22 - كۈنى ئالىم «ناھەق قارىلىنىپ ئۇۋال قىلىنغان»
دېگەن ئۇقتۇرۇش بىلەن تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ ۋە
ئىلچى بازارلىق ئامبولاتورىيىگە ئىشقا ئورۇنلىشىپ ھايات مۇساپىسىنى
يېڭىۋاشتىن باشلايدۇ.
1978
- يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە سەھىيە باشقارمىسى ئۇنى قەشقەر
ۋىلايىتى بويىچە ئېچىلغان ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە تىۋىپ تەربىيىلەش كۇرسىغا
دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇ بۇ تەكلىپنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل
قىلىپ، كۈرستىكى 40 كىشىگە دەرس ئۆتىدۇ. شۇ مەزگىلدە ئەنگلىيىلىك ئەر ـ
ئايال تارىخچىلار جەنۇبىي شىنجاڭ تارىخىنى ئىگىلەش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەندە
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئالىمنى بۇ ئىككى تارىخچىنىڭ سوئاللىرىغا
جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئالىم ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا توغرا، ئەتراپلىق
جاۋاب بېرىپ، ئۇلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
1979
- يىلى ئۇ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات
ئىنىستىتۇتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىبراھىم مۇتىئى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
قاتارلىق ئالىملار بىلەن بىللە ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۈركىي
تىللار دىۋانى» ناملىق بۈيۈك ئەسىرىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە
قىلىپ نەشر قىلىش ئىشىغا قاتنىشىدۇ.
1980
- يىلى ئىلىم ـ پەن ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ «مۇڭغۇل تېبابەتچىلىكى
بىلەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ تارىخىي مۇناسىۋىتى» دېگەن تېمىدا ماقالە
ئوقۇپ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. بولۇپمۇ ئىچكى
مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئالىمغا ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىدۇ.
1981
- يىلى سەھىيە نازارىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگو تېبابەتچىلىك قامۇسى
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك تارماق تومىنىڭ 1 ـ قىسىمىنى يېزىپ چىقىدۇ ۋە مۇدىر
ۋىراچ ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.
1980
- يىل 10 - ئايدىن 1984 - يىل 12 - ئايغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە خوتەندە
ئېچىلغان ئالتە ئايلىق ۋە بىر يىللىق كۇرىستا دەرس ئۆتىدۇ ۋە خوتەن تېببىي
تېخنىكومنىڭ ھەر قارارلىق سىنىپلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.
1983
- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى
مۇھاكىمە يىغىنىدا «ئەرەب، پارىس ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان
تەسىرى» دېگەن تېمىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ يۇقىرى باھاغا ئېرىشىدۇ.
ئالىم ئۇستا تېۋىپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كامالەتكە يەتكەن شائىر
ئىدى. ئۇنىڭ 1985 - يىلى ھەج سەپىرىدە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار
بىلەن ئۇچراشقاندا تەسىرلىنىپ يازغان «ۋەتەندىن سىرتقا چىققاندا» ناملىق
شېئىرى دەسلەپتە «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىدا، كېيىن «تارىم» ژورنىلىدا ئارقا
ـ ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، زور داغدۇغا قوزغايدۇ.
«ۋەتەننىڭ قەدرىنى بىلدىم ۋەتەندىن سىرتقا چىققاندا، ئەركنىڭ قەدرىنى
بىلدىم ئەركىسزگە يولۇققاندا» دېگەن مىسرالار ئاشۇ شېئىرنىڭ مىسرالىرىدۇر.
1986
- يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدا يۇقۇملۇق جېگەر كېسەللىكى تارقالغاندا، ئۇ خەلقنىڭ
ساغلاملىقى ئۈچۈن قاتتىق باش قاتۇرۇپ، «كاسىنى قاتارلىق ئۇيغۇر تېبابىتى
دورىلىرى بىلەن غەيرى ئا ۋە غەيرى ب تىپلىق جېگەر ياللۇغ كېسىلىنى داۋالاش
ئۇسۇللىرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، مەزكۇر كېسەللىك
ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ ۋە ئۈنۈملۈك رېتسىپنى ئىجاد قىلىدۇ. ئۇ يەنە «جېگەر
قېتىش كېسەللىكى ۋە ئۇنى داۋالاش ھەققىدە»، «مىزاج دېگەن نېمە؟ ئۇ قانداق
شەكىللىنىدۇ؟»، «يۈرەك قانتومۇر كېسەللىكى ۋە ئۇنى داۋالاش توغرىسىدا»،
«بۆرەككە تاش چۈشۈش كېسەللىكى ۋە ئۇنى داۋالاش ئۇسۇلى» قاتارلىق بىر قاتار
تەتقىقات ماقالىلىرىنى يېزىپ، تېبابەتچىلىك ساھەسىدە كۈچلۈك تەسىر
قوزغايدۇ.
1983
- يىلدىن 1986 - يىلغىچە ئالىم جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، مەملىكەتلىك
سىياسىي كىگەش، جۇڭگو تىببى پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى، مەملىكەتلىك خەلق
قۇرۇلتىيى قاتارلىقلارغا ئەزا ۋە ۋەكىل بولۇپ سايلىنىدۇ. شىنجاڭ مىللىي
تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ. ئالىم
يۇقىرىدىكىدەك يىغىنلارغا قاتناشقاندا ئۇيغۇر تېبابىتى مىراسلىرىنى قېزىش،
رەتلەش، گۈللەندۈرۈش يولىدا دادىل سۆز قىلىدۇ ۋە ھۆكۈمەتكە شىنجاڭ خەلقىنىڭ
بىر ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىنىستىتۇتى قۇرۇش توغرىسىدىكى كۈچلۈك تەلىپىنى
يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ بۇ تەلىپى ھۆكۈمەتنىڭ يول قويىشى نەتىجىسىدە ئەمەلگە
ئاشىدۇ. يەنى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومى قۇرۇش تەستىقىلىنىدۇ. ئۇ
1987 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك
ئالىي تېخنىكومى دەرسىلىك تۈزۈش گۇرۇپپىسىغا مەسئۇل بولىدۇ ۋە ئۆزى قول
سېلىپ ئىشلەپ «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى نەزەرىيىسى ئاساسلىرى» دېگەن كىتابنى
يېزىپ نەشرگە بەرگەندىن سىرىت، مەكتەپ يېڭىدىن تۈزگەن «ئىچكى كېسەللىكلەر
ئىلمى»، «ئوردو تىلى» قاتارلىق 13 خىل دەرسىلىكنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى
ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئۇ
1988 - يىل 1 - ئايدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەھىيە باشقارمىسىنىڭ تەكلىپىگە
بىنائەن، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر تېبابىتى خادىملىرىنى
يېتىشتۈرۈش كۇرسىغا «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى نەزەرىيىسى ئاساسلىرى»، «تېببىي
ئەخلاق» دېگەن تېمىلاردا دەرس ئۆتۈش بىلەن بىللە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك
شىپاخانىدا كېسەل كۆرىدۇ.
1988
- يىلى 1 - ئايدىن 12 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي
تېخنىكوم مەكتىپىدە دەرس ئۆتىدۇ، «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى دىئاگىنوستىكا
ئىلمى» دېگەن كىتابنى يېزىپ نەشرگە بېرىدۇ. 1989 – 1990 - يىللىرى «روھىي
ئەسەبىي كېسەللىكلەر ئىلمى» دېگەن دەرسىلىكنى يېزىۋاتقاندا كېسەل بولۇپ
بالنېستتا يېتىپ قالىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇ ئىشنى تاشلاپ قويماي، ئاپتونوم
رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بالنېستىدا بۇ كىتابنى پۈتتۈرۈپ نەشرگە
بېرىدۇ.
ئالىم يۇقىرىدىكىدەك ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە تۆھپىلىرى بىلەن دۆلەت مىللەتلەر
ئىشلىرى كومىتېتى، ئەمگەك ـ كادىرلار مىنىستىرلىكى، جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا
جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئاز
سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس،
مۇنەۋۋەر كەسپىي تېببىي خادىم... دېگەندەك شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشىدۇ. ئۇ
يازغان «ئۇيغۇر تېبابەت دېئاگىنوستىكىسى» دېگەن كىتاب 1992 - يىل 11 -
ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت تىل
ـ يېزىقىدا نەشىر قىلىنغان كىتابلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا ئىجادىيەت
مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.
1994
- يىلى ئۇ «شىنجاڭ گېزىتى»، «ساقلىق ساقلاش» ۋە «يېڭى قاشتېشى» قاتارلىق
گېزىت ـ ژورنانلاردا ئارقا ـ ئارقىدىن تونۇشتۇرۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ
تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلى،
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ يېتۈك ئۇستازى ئابدۇلھېمىد يۇسۇف
داموللا ھاجىم 1994 - يىل 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كېسەل بىلەن ئالەمدىن
ئۆتتى.
ئالىم ھايات ۋاقتىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مەلىكەتلىك
ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك تۈركىي تىللار تەتقىقات
جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى،
«تۈركىي تىللار دىۋانى» نى تەرجىمە قىلىش تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى،
مەملىكەتلىك جۇڭيى تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى 2 - نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ
ئەزاسى، مەملىكەتلىك تېببىي پەن ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى
ۋە شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى
تەبىئىي پەنلەر مەخسۇس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق
جۇڭيى ـ مىللىي تېبابەت پەن ـ تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش
ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ ۋە ئىسلام دىنى
جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو تېببىي قامۇسى ئۇيغۇر تېبابىتى تارماق تومىنىڭ
ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق كلاسسىك ئەدەبىيات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ
ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي تېبابەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن
باشلىقى ۋە پەخرى باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومنىڭ
پەخرى مۇدىرى، خوتەن شەھەرلىك تارىخ ماتېرىياللار كومىتېتىنىڭ كېڭەش
ئەزاسى، خوتەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.
بىز
ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ پېشىۋاسى، ئالىم، تىلشۇناس، ئەدىب ئابدۇلھېمىد يۇسۇف
داموللا ھاجىمدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان بولساقمۇ، ئۇنىڭ شانلىق تۆھپىلىرى،
ئېسىل ئەخلاق ـ پەزىلىتى قەلبىمىزدە مەڭگۇ ساقلىنىدۇ.
ئاپتورى: ئەكبەر ياسىن
مەنبە: «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلى 2003 ـ يىل 3 ـ سان |