|
مېنىڭ ئشىقىم
مۇھەممەد ئىمىن ھەزرەت
شەھىتلەر روھىغا قەرزىم بار مېنىڭ
ئەۋلادمەن ۋەتەننىڭ ھەققىنى بەردىم ،
زۇلۇمنى لەنەتلەپ ، قەلەم سايرىتىپ .
بىلمىدىم ، چىچاڭشىپ چىقتىڭىز ئەجەپ ،
خىتايدىن بەتەررەك ئوغا قاينىتىپ .
مەن سىزنى جۇڭگوغا بارماڭ دېدىممۇ ،
نېمە ھەققىڭىز بار يازما ، دېيىشكە .
ئاڭلىسام كونسۇللار خاپا بولۇپتۇ ،
توسالغۇ بوپتىمەن ۋىزا بېرىشكە .
ئېسىت ، تېخى سىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىڭىز ،
سىز يېگەن گەندىنى ھەتتا ئىت يېمەس .
مەن ئۈچۈن خىتايدىن ئەپۇ سوراپسىز ،
ئۇيغۇرسىز بولسىڭىز مەن ئۇيغۇر ئەمەس .
ياخشىسى مېنىڭدىن ئۇزاق تۇرۇشۇڭ ،
زۇلۇمنى يازاي دەپ كەلدىم بۇ يەرگە .
مەن كەلدىم ، يىگىتلەر ۋەتەندە قالدى ،
مىليونلار ھېچ پىسەنت قىلماي ئۆلۈمگە .
ھېسابنى ئاللاھقا قىلدىم ھاۋالە ،
سىز بىلەن ئىشىم يوق ، بىلگەننى قىلىڭ .
ۋەتەننىڭ ھەر يېرى شەھىت قەبرىسى ،
شەھىتلەر روھىغا قەرزىم بار مېنىڭ .
سەھەر تۇيغۇسى
دېڭىزدىن يۈكسەلدى قۇياش يۇيۇنۇپ ،
سۇ يۈزى رەڭگارەڭ مەرۋايىت كەبى .
ساھىلدا كېزىدۇ غەمسىز كىشىلەر ،
بالىلار ئوينايدۇ ئۇماق ۋە سەبى .
دېڭىزدىن ئىسسىدۇ سەھەر شامىلى ،
نەم ھىدى تازا ۋە يۈرەككە داۋا .
چۆمدۇردى رومانتىك تۇيغۇغا بىر پەس ،
بۇ گۈزەل مەنزىرە ، بۇ گۈزەل ھاۋا .
ئۇركۇشۇپ يۈكسىلەر بېلىقچى قۇشلار ،
موتۇرلۇق قېيىقلار ئۈزۈپ كېلىدۇ .
تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن يايغان تورلارنى ،
بېلىقچى ئۈستىلار يىغىپ كېلىدۇ .
بىردىنلا كۆرۈندى ساھىل ساقچىسى ،
«بۇ يەردە ئوۋ ئوۋلاش مەنئى» دېدىلەر .
بېلىقنى دېڭىزغا تۆكتۈردى ئەمما ،
بېلىقنىڭ بەزىسى نىمجان ئىدىلەر .
تىپىرلار بېلىقلار ، شۈركەندى قەلبىم ،
باشقا بىر ئوۋچىغا باغلاندى ئەقلىم .
بېلىقلار ئۆلۈمدىن قۇتۇلدى ، لېكىن
جانلاندى كۆزۇمدە توردىكى خەلقىم .
ۋەتىنىم دېڭىزدۇر ، مىللىتىم بېلىق ،
ئويلىدىم ، ۋۇجۇدۇم تەرگە چۆمۇلدى
ئوڭۇممۇ ، چۈشۇممۇ بىلمىدىم ، دېڭىز –
قىزارغان پايانسىز قاندەك كۆرۈندى .
يىغىلىپ ، يىغىلىپ كەلگەنچە تورلار ،
مىللىتىم بېلىقتەك تىپىرلىشىدۇ .
يەر يۈزى ئۇخلايدۇ ، نەسلىمگە ھەر كۈن ،
توپ – يەكۈن ئۆلۈملەر يېقىنلىشىدۇ .
* *
نەدىسەن دۇنيانىڭ ھەق – ئادالىتى ،
بېلىق ھەققىچىلىك ھەق بەر بىز ئۈچۈن .
ئىنسانلار ئوۋچىسى چەكلەنمىسە ،
نەسلىمىز يوقۇلۇپ تۈگەيدۇ پۈتۈن .
ئەي ، ھايۋان ھەققىنى قوغدىغۇچىلار ،
ئاڭلا ! ئەي ، ئىنسانلار – مەدەنىي ئەپكار ؛
تارىختىن ئۆچسەگەر ئۇيغۇر دېگەن نام ،
بۇنىڭغا گۇناھكار دۇنيا جاۋابكار .
يامان كۆز تىكمەڭلار موھتاج ئايالغا
تەشتەپكە ئىسىملىك بازار ئالدىدا ،
بىر ئايال قولياغلىق ، پايپاق ساتىدۇ .
بەزى بىر يىگىتلەر مال كۆرگەن بولۇپ ،
ياش چوكان يېنىدا ئەگىپ قالىدۇ .
بۈگۈنمۇ بازاردا كۆرۈلدۇ بۇ ھال ،
بەزىلەر ئايالغا چوخۇر قارايدۇ .
سەزمەيدۇ بۇنى ئۇ ، مەشغۇلاتى بار ،
خېرىدار تاللىغان مالنى سانايدۇ .
بۇ يەردە كۆرۈنگەن مەنزىرەلەرگە ،
ھاھىت مەن ، ئۇزاقتىن قاراپ تۇرىمەن .
ئۇ ئازغان ياشلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ،
مۇقەددەس ۋەزىپەم بىلىپ تۇرىمەن .
ئەي دوستلار سورايمەن ، ئۆز ئاناڭلارغا ،
ئۇ يامان نىيەتتە باقالامسىلەر ؟
ۋە ياكى بىر تۇققان سىڭلىڭلار ئۈچۈن ،
پوخۇرلۇق ئويىدا بولالامسىلەر ؟
چاپچال تۈرمىسىدە ئېرى بار ئۇنىڭ ،
سىلەردەك مىڭ ئەرگە تىگىشمەيدىغان،
بىر ئۆزى قارايدۇ ئىككى بالىغا ،
سىرى بار سىلەرگە ئېيتالمايدىغان .
تۇرمۇشتا دەردى كۆپ ، قەلبىدە ئازاب ،
ھېچكىمگە كۆز يېشى تۆكمىدىغۇ ئۇ .
يامان كۆز تىكمەڭلار موھتاج ئايالغا ن
ئاياللار ئىچىدە پەرىشتىغۇ ئۇ .
مىڭ قېتىم تۇغۇلسام ئۇيغۇر بولىمەن
ئەجەپمۇ ئۇپرىدىڭ ئېزىز مىللىتىم ،
دېڭىزنىڭ دۈشمىنى تىك قىيا تاشتەك .
ئۆيىڭدە باغلاندىڭ ن ئەسرسەن شۇئان ،
بۇرنۇڭدا قان ھىدى ، بېشىڭدا كالتەك .
ئۈستۈڭگە يۈكلەنگەن بۇ ئېغىر يۈكلەر ،
كۈچۈڭدىن مىڭ ھەسسە ئارتۇق كېلىدۇ .
سەن قانداق چىدايسەن ، بۇ بىر مۆجىزە ،
ساڭا مىڭ ئاپىرىن ئازلىق قىلىدۇ .
تومۇرۇڭ كېسىلدى ، دۇنيا خەۋەرسىز ،
دۈشمىنىڭ دەيدۇ ، بۇ ئەبەدى زەپەر .
قۇلايمۇ روھىڭنى بويسۇندۇرمىغى ،
قان ئاقار ئاخىرقى تامچىغا قەدەر .
مىللىتىم سېنىڭدىن غۇرۇرلىنىمەن ،
سەن ئۈچۈن جان بەرسەم ھۇزۇرلىنىمەن .
مىڭ ئۆلۈپ ، مىڭ قېتىم تۇغۇلسام قايتا ،
سېنىڭدەك تىز پۈكمەس ئۇيغۇر بولىمەن .
بىزنىڭ بۇ يۇرت ئەبەدىل – ئەبەت
ئەي بېيجىننىڭ تارىخچىلىرى ،
«شىنجاڭ ئەزەلدىن بىزنىڭكى» دەيسەن .
«ئەزەلدىنلا» نېمە دېگەن گەپ ،
مەنىسىنى بىلەمدىغانسەن .
يەر شارى مەۋجۇت بولمىغان
چاغدا «شىنجاڭ» سىلەرنىڭمىدى ؟
ئىنسانىيەت تۈزەلمىگەندە ،
بوشلۇقلاردا خەنزۇ بارمىدى ؟
نېمە دېگەن يۈزى قېلىنلىق ،
بىر ئاز مەنتىق بىلسىيدى كاشكى .
مازاق قىلماي بىلىم دېگەننى ،
بىر ئاز كۆزگە ئىلسىيدى كاشكى .
«شىنجاڭ» دېگەن خەنزۇچە سۆزغۇ ،
ئۇيغۇرچىسى «يېڭى چېگرا»
لەت بولىسەن مەنتىق ئالدىدا ،
ئۆز يۈزۈڭگە چاپلايسەن قارا .
يۈز يىل بولدى «شىنجاڭ» بولغىلى ،
نېمە دەيتتۇق ئۇنىڭدىن ئىلگىرى .
جىگا ، جىگا ، جىگالىماستىن ،
پاكىت قويۇپ ئېيتمامسەن قېنى ؟
«شىنجاڭ»دا «شىن – يېڭى» تۇرۇقلۇق ،
«سۇڭلەي» سۆزى قەيەردىن كەلدى .
پەنگە تۆھمەت چاپلاش سىلەرنىڭ ،
سىلەرنىڭلا ئەنئەنەڭلەردى .
تۇنجى لۇغەت ياراتقان ئالىم ،
يەر يۈزىدە مەھمۇد كاشغەرى .
يۇرتىغا ئات قويالمىغانمۇ ،
ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرى .
ئىلمى ئىشقا نېمە كېرەك بار ،
بۇنچە بىشەم ، زالىم بولۇشقا .
يۇرت ئىسمىنى ئۆز تىلىمىز بىلەن ،
ھوقۇقىمىز يوقمۇ ئاتاشقا .
بېشىڭلارغا كەلسە مىسالى ؛
جۇڭگونىمۇ چەت ئەللىك ئەزدى .
مىلياردلىغان ئىنساننى مەجبۇر
جۇڭگو ئەمەس «چاينا» دېگۈزدى ؛
سىلەر سۈكۈت قىلاتتىڭلارمۇ ،
روھى بېسىم ، ھاقارەتلەرگە .
تاللىمامدۇ ئىنسان ئۆلۈمى ،
بوي ئەككۈچە ئاھانەتلەرگە .
خارلىنىش ۋە مىللى كەمسىتىش ،
تەمى قانداق بىلىسىلەرغۇ !
كۆرمىگەندەك ياپوندىن سىلەر ،
بىزنى ھايۋان كۆرىسىلەرغۇ .
ھەق بىزدە – يۇ ، قورال سىلەردە ،
شۇڭا بىزنى تىڭشىمايسىلەر .
يەرلىرىمىز ئالمىشىپ قالسا ....
ئۇ كۈنلەرنى ئويلىمايسىلەر .
خىتاۋىم بار جۇڭگولۇق ئۈچۈن ،
ئىنسان سۆيگەن ئىنسانلار ئۈچۈن ؛
بىزنى بۇنداق ھالاك ئەتمەڭلار ،
نېفىت ، ئالتۇن ، ئالماسلار ... ئۈچۈن .
بېيجىڭ ھوقۇق بەردى ، زومىگەر
«شىنجاڭ» دىكى قارا قوساقلار .
سانالمايدۇ ئۇلارغا ئىنسان ،
ئۇيغۇر ، تاجىك ، قىرغىز ، قازاقلار ...
قارا ئىشمۇ تەگمەيدۇ بىزگە ،
زاۋۇتلاردا ئىشلەيلى دېسەك .
ساپان سۆرەپ ئۆتەمدۇ ھايات ،
ئېشەكمۇ بىز ئۇلار دېگەندەك .
بۇرنىمىز تەڭ تىگىدۇ تاشقا ،
ئېغىزىمىز كەلدىمۇ ئاشقا .
ئۆز يۇرتىدا بىزدەك خارۇ – زار ،
خەلق بارمۇ دۇنيادا باشقا .
جاللاتلارنىڭ مەقسىتى ئېنىق ،
زۇلۇم بىلەن ئىسيان چىقارتماق .
پۇرسەت ئىزدەپ ، تېپىپ باھانە ،
نەسلىمىزنى قىرىپ تاشلىماق .
باندىت ئۇلار گۇڭچەنداڭ ئەمەس ،
گۇناھ ئىشلەپ قىزارمايدۇ ھېچ .
بالىلىرى يوقمۇ ئۇلارنىڭ ،
ئىنسانغا ئىچ ئاغرىتمايدۇ ھېچ .
جۇڭنەنخەينىڭ پىلانلىرى بار ،
چۇيداڭۋىينىڭ قەتئى قارارى .
«مەسىلە»نى توپتىن ھەل قىلىش ؛
مانجۇر ، ئىچكى مۇڭغۇل مىسالى .
ئويلايدىغان پۇرسەت بار تېخى ،
ۋىجدانى بار جۇڭگولۇق ئۈچۈن .
بىز جۇڭگودىن ئايرىلالمىساق ،
مىللىتىمىز تۈگەيدۇ پۈتۈن .
شۇڭا قەتئى قارارىمىز بار ،
مەقسىتىمىز دۆلەت قۇرۇشتۇر .
جۇڭگو بىلەن دوست قېرىنداش ،
دىيار بولۇپ قوشنا ئۇتۇشتۇر .
ئەقلىڭلارنى توپلاڭلار باشقا ،
رەت قىلماڭلار بىزنى تامامەن .
بۇ يۇرت بىزنىڭ ئەبەدىل – ئەبەت ،
بىزنىڭ پېتى قالىدۇ ۋەتەن .
ئەۋلادلىرىم ئۆتكەن كۈندىن ئىبرەت ئېلىڭلار
ئۇزۇندە بۇ مۇنقەرىزلىك تارىخىمىزدىن ،
بەلكى پاكىت مەدەنىي ئەلنى ئويغا سالىدۇ .
ئوقۇغانلار ئېيتىپ بەرسۇن ئوقۇمىغانغا ،
جاھالەتتىن كېلەچەككە دەرس قالىدۇ .
ئۆز ھالىدا ياشاۋاتقان خەلق ئىدى بۇ ،
سەلتەنەتلىك دۆلەت ئىدى يەركەن خانلىقى .
موللىلارغا بانا بولدى مۇقام رەتلىتىش ،
مۇدھىش ئىدى پادىشاغا ئىچى تارلىقى .
قوقانلىقلار يەرلىكلەرنى دەيدەيگە سالدى ؛
ئاللاھ ! دېدى ، ئاللاھ ! دېدى ، شەرىئەت ، دېدى .
مۇددىئاسى ئاپئاق غوجا ، مۇرتلىرىنىڭ ،
شەرىئەت ۋە پادىشانى ئاغدۇرۇش ئىدى .
كاپىرلارنى ئاپاق غوجا چىللاپ ئەكەلدى ،
قان دەريادا ئاققىنىنى كۆرگەنمۇ دۇنيا .
ئىپپارخاننى سوۋغا قىلدى بېيجىڭ ئەھلىگە ،
دىن نامىدا يۇرت ساتقاننى كۆرگەنمۇ دۇنيا .
ئىسيان سەلدەك بېسىپ كەلدى يۈز يىلدىن كېيىن ،
ھەر شەھەرگە بىردىن بەگلىك بايراق قاداشتى .
ئىمانىدىن يۇرتۋازلىقى كەلگەچكە غالىپ ،
ھەربىر بەگلىك ئۆزلىرىنى دۆلەت ئاتاشتى .
قوقان ئەھلى ياقۇپ بەگلەر قەشقەرگە كەلدى ،
شەھەر يېقىپ ، ھەربىر بەگنىڭ بېشىنى ئالدى .
بايراقلارنى بىرلەشتۈردى قاننىڭ بەدىلى ،
كەڭ ۋەتەندە مىسلىسىز زور بىرلىك يارالدى .
ياقۇپ بەگنىڭ ئۆمرى ئىسيان باستۇرۇپ ئۆتتى ،
چۈنكى تۇنگان ، خىتاي ، مۇڭغۇل ئىسيان ياراتتى .
شىڭ شىڭشادىن كەشمىرغىچە بەدەۋلەت ئېلى ،
بۇ ئۇلۇغ ئەل يەر يۈزىگە شۆھرەت تاراتتى .
ئورۇسلاردىن كەلدى ياردەم ، چيەنلۇڭ سۆيۈندى ،
زوزۇڭتاڭغا ئەمر بەردى ، لەشكەر تۈزۈلدى .
دۈشمەن تېخى ئاياغ باسماي قۇتسال ۋەتەنگە ،
ياقۇپ بەگكە ئاسلارنىڭ قەستى كۆرۈلدى .
ياقۇپ بەگنى شەھىت قىلىپ نىياز بەگ دېگەن ،
ئەل بولغىلى زوزۇڭتاڭنىڭ ئالدىغا باردى .
ئالتۇن ، كۆمۈش ھەدىيەنى ئالدى ئۇزۇن چاچ ،
يۇرت تىنجىدى نىياز بەگنى زىندانغا سالدى .
چۆللەر ئارا تاغ ياراتتى ئىنسان سۆڭىكى ،
ئۆلتۈرگەنگە يۇرتتا ئاچ تۈگەپ كەتمىدى .
بالا تۇغۇپ يېتىشتۈردى ئۇيغۇر ئانىلار ،
خارلانغان ئەل يەنە سەلدەك قوزغۇلۇپ كەتتى .
قانلىرىنى ، جانلىرىنى بەردى نەسىللەر ،
تا قۇمۇلدىن خوتەنگىچە ئازات بولۇندى .
ئاي – يۇلتۇزلۇق بايراق ئۆپتى ۋەتەن ئاسمىنى ،
ئەمما دۈشمەن پىتنىسىدىن بىرلىك بۇزۇلدى .
تۇتۇپ سابىت داموللامنى خوجا نىياز ھاجىم ،
ئۈرۈمچىدە شىڭ شى سەيگە ھەدىيە ئەتتى .
قەتلى بولدى داموللام ۋە بىر مىليون كىشى ،
ھاجىم ئەڭ كەچ ئۆلتۈرۈلدى ، ئارماندا كەتتى .
ئون يىل كېيىن شاۋقۇنلىدى ئىلى دەرياسى ،
ھەر تەرەپتە ئەۋج ئالدى ئىسيان دولقۇنى .
ئاھ ، جاھالەت يۈگەن سالدى ئارمىيىمىزگە ،
بۆلدى بىزنى موسكۋانىڭ مەلئون قوزغۇنى .
ئەڭ ئاخىرقى رەئىسىمىز ئەلىخان تۆرە ،
ئەخمەتجاننىڭ قولى بىلەن روسقا بېرىلدى .
بۇ رەت روسنىڭ قولى بىلەن ئەخمەت ئەپەندىم ،
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا قۇربان ئېتىلدى.
ئاقتى قانلار ، ئاقتى قانلار ۋەتەن قىزاردى ،
قۇياش قىزىل داغلارنى بۇ ۋەتەندىن ئالدى .
ئىنسان ، ھايۋان ، تاغۇ – دەريا ماتەم ئىلكىدە ،
مىللى ئەسكەر قارارگاھى خارابە قالدى .
ئۇندىن بېرى دۈشمەنلەرنىڭ ئىشى بەك قولاي ،
ئوينار بىزنى ئەرزىمەس بىر ئويۇنچاق بىلىپ ،
ئويناشقاندەك بوينىمىزنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ ،
چۈشى بۇزۇق قوپقان كۈنى ئاچچىقى كېلىپ .
ئارىمىزدىن مەشھۇرلارنى تاللاپ كېلىدۇ ،
ئىچى پۇشسا ، ئىت ئورنىدا تالاشتۇرىدۇ .
بىر – بىرىنىڭ قېنى بىلەن بۇلغانسا ئاغزى ،
خوجايىنلار زوق ئالىدۇ ، يايراپ كېتىدۇ .
بۇ پاجىئەنى كۆرۈش بىزگە ئۆلۈمدىن ئېغىر ،
قەپەزدىكى يولۋاس بولدۇق ئوبدان بىلىڭلار .
يۇرتنى خەقكە تارتقۇزۇشنىڭ جازاسى شۇنداق ،
ئەۋلادلىرىم ئۆتكەن كۈندىن ئىبرەت ئېلىڭلار .
داھى ۋە بىز
بىزدىن داھى چىقسا ، دېيىشىتۇق ،
چىقتى ئاڭا تەتۇر تۇرۇشتۇق .
داھى بولدى بىزگە پاسىبان ،
بىز داھىغا تۆھمەت قىلىشتۇق .
ئەگەر بىر ئاز تەگسە پايدىسى ،
ئاڭا سۇلۇك بولۇپ يېپىشتۇق ،
ئېھتىياجى چۈشكەندە بىزگە
غايىپ بولدۇق ، جىلى قىلىشتۇق .
دۈشمەن بىلەن كۈرەش قىلسا ئۇ ،
دۈشمىنىگە خەۋەر بېرىشتۇق .
دوللار كەبى خەجلەپ نامىنى ،
ئۆزى بىلەن تۇرماي ئېتىشتۇق .
داھى بىزنى سۆيدى ھەر زامان ،
بىز ئۇنىڭدىن نەپرەت ئېتىشتۇق .
تۆكۈش ئۈچۈن ئابرۇيىنى ،
شاياتونغا دەرس بېرىشتۇق .
ياشا ! دېدۇق ئالدىدا ئۇنىڭ ،
ئارقىسىدىن سۆكتۇق ، كۇلۇشتۇق .
ئۇ ئۆمرىنى بەردى بىزگە ،
بىز -
ئۇنىڭ بىلەن ئەجەپ قېرىشتۇق .
ۋاپات ئەتتى ، دۇئا ئورنىغا ،
گۇناھ دېمەي غەيۋات قىلىشتۇق .
جىنازىنى يۈز مىڭلاپ كىشى
ئېلىپ ماڭسا ھەيران قېلىشتۇق .
ئۇنىڭ بۇنداق بۈيۈكلۈكىنى ،
ئۆلگەن چاغدا ئاندىن بىلىشتۇق ،
ئەمما ، مىليون ئىنسان ئىچىدە ،
ئاسى دېگەن ئىنئام ئېلىشتۇق .
جۈمە تەسىراتى
ھەر جۈمە قەلبىمدە باشقا ھاياجان ،
جامائەت جامىگە سەل بولۇپ ئاقار .
مۆمىنلەر توپلىشار ئەينى نىيەتتە ،
باشقىلار ئۇلارغا ھەۋەستە باقار .
سەپلەر تۈز تاناپتەك ، ھەر يەردە سۈكۈت ،
تۇيۇلماس ھېچكىمنىڭ نەپەس ئالغىنى .
رۇكۇ ۋە سەجىدە قىلغاننى كۆرسەڭ ،
دەيسەن بۇ ئىلاھى دېڭىز دولقۇنى .
نەپىسىدىن ۋاز كەچكەن ھەممە شۇئاندا ،
دىللاردا ئاللاھقا يۈكسەك ئېھتىرام .
ئونمىڭلاپ ئىنساننىڭ تەكشى ھەركىتى ،
بۇ قانداق قوشۇندا بولغان ئىنتىزام ؟!
ساۋاپتىن نەسۋە ئالغان كىشىلەر ،
تارقايدۇ نامازدىن قىلىشىپ سالام .
جامىدا ئىمامنىڭ سەللىسى كەبى ،
ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ بىرلىك ، ئىنتىزام .
ئويلايمەن ، ئاھ ، كاشكى مۇسۇلمان ئەلنىڭ ،
جانلانسا ھاياتى جامى روھىدا .
قۇتۇلسا ساپالەت ، پەرىشانلىقتىن ،
چوققىدا كۆرۈنسە بەخت بابىدا .
ھېس قىلسام دۇنيانىڭ ئىلگىرىلىشىنى ،
رەستىدە زەي سالماي پاختا ئاتمىسام .
باشقىلار ئەرشىدە ئاختۇرسا ھايات ،
گۇناھكار كىشىدەك يەرگە باقمىسام .
يىراق يۇرتلاردا سۆھبەت
ئۇزۇن يىللىق دوستلىقىمىزبار ،
ساغلىغىڭغا زوقۇم كېلىدۇ .
يانچۇغۇڭدا دورا قۇتۇسى ،
سىرى نېمە بىلگۈم كېلىدۇ ؟!
قۇتىدىكى ۋەتەن تۇپرىقى ،
سىرى ؛ ماڭا ئۆمۈر بېرىدۇ .
ئاغرىغاندا ھىدلايمەن ئۇنى ،
كېسىلىمگە شىپا بولىدۇ .
ئەنە شۇ چاغ زەپەر سېنىڭ
سېنى كۈتكەن مەشرەپ ئەمەس ،
جاپا يۇ – جەبىر .
تەييارلىقىڭ پۇختا بولسۇن ،
يۇكلىرىڭ ئېغىر .
قەدەملىرىڭ سابىت بولسۇن ،
نامىزىڭ قەسىر .
قارارلىرىڭ قەتئى بولسۇن ،
كۆڭلۈڭدە سەبر .
تۇيغۇلىرىڭ ئەسكەر بولسۇن ،
ئەقلىڭ ئەمر .
ھەرىكىتىڭدە پىلان بولسۇن ،
ئىنتىزام تۆمۈر .
ئەنە شۇ چاغ زەپەر سېنىڭ ،
مەنىلىك ئۆمۈر .
پۇلنىڭ كۈچى
توپلانغان سەرمايە – نەخ پۇلنىڭ كۈچى ،
مەيداندا ئوينالغان پۇتبول مىسالى .
بۇ يەردە يوق مىللەت ، دۆلەت ئايرىمى ،
پۇتبولدا ھەر كىمنىڭ پىكىر – خىيالى .
مەيدانلىق ،
توپ بەخت قىلغان ئۆيلەردە ،
مىليونلاپ تېلېۋىزور كۆرۈنۈشىنى .
پارتلىسا ھاياجان ، خاتىرلىتىدۇ .
چاقماقلىق ئاسماننىڭ گۈرۈلدىشىنى .
توپ نەدە ، ساناقسىز كۆزلەر شۇ يەردە ،
توپ دېمەك – گوياكى بىر تىلسىم دېمەك .
قەلىبلەر تەلپۈنەر ئەينى نۇقتىغا ،
ھاياتنىڭ مەركىزى ئىستادىئوندەك .
سەرمايە بەئەينى پۇتبولنىڭ ئۆزى ،
ئۇنىڭدىن ئايرىلماس دۇنيانىڭ كۆزى .
مىڭ كۆرسە قانمايدۇ نۇر جامالىغا ،
دۆلەتلەر ، شىركەتلەر ، پۈتكۈل يەر يۈزى .
بۈگۈنكى دۇنيانىڭ پەلسەپەسى شۇ ،
پۇل دېمەك – دۇنيانىڭ تىزگىنى دېمەك .
ئۇ كۈلسە قىتئەلەر ئوينايدۇ ئۇسسۇل ،
تۇر ! دېسە ، ھەركەتتىن توختايدۇ پەلەك .
ئەي ، خەلقىم ئويغۇنۇڭ ، سىلكىنىڭ تەكرار ،
سەرمايە توپلاشقا جاندىن ئىنتىلىك .
پۇل دېمەك – يېڭىلمەس قۇدرەت دېمەكتۇر ،
كۈچىدىن ئازادلىق تۇغۇلار ، بىلىك !
بەزىلەر بار پاشا مىسالى
پاشا ، كۈمۇت ياز ئاخشاملىرى ،
سېنى مەشغۇل ئېتىپ تۇرىدۇ .
قول شىلتىساڭ قاچىدۇ قايتا ،
رەھەتسىزلىك بېرىپ تۇرىدۇ .
بەزىلەر بار پاشا مىسالى ،
ئۆز – ئۆزىچە غىڭشىپ تۇرىدۇ .
ئىشلەۋاتساڭ زېھنىڭنى قويۇپ ،
دىققىتىڭنى بۇزۇپ تۇرىدۇ .
مەناسى يوق غىڭىلداپ يۇرۇپ ،
ساڭا دەخلى قىلماقچى بەلكى .
جان ئىگىسى ساناپ ئۆزىنى ،
دىققىتىڭنى چەكمەكچى بەلكى .
ئويلا سودىگەر
ماۋ ئۆلۈمى جۇڭگو ئىلىدە ،
ئوتتۇز يىللىق مۇزنى ئېرىتتى .
ئاستا – ئاستا تىرىلدى ھايات ،
تىجارەتكە ئىمكان بېرىلدى .
«تۇجى دوبا» ئاتالغان ئۇيغۇر ،
گۇۋاڭجۇدا ماكان تۇتۇشتى .
بەزەن ساقچى ئالدى مېلىنى ،
بەزەن ئىشى ئوبدان بۈرۈشتى .
گۇۋاڭجۇلۇق قىسقا زاماندا ،
تىجارەتنىڭ ئېپىنى ئالدى .
ئۆز ئالدىغا تارتتى سودىنى ،
بىزنىڭكىلەر گاڭگىراپ قالدى .
سەكسىنىنجى يىللار ئورتىسى ،
ئۈرۈمچىدە جانلاندى سودا .
مال يوللىماق ئىچكى ئۆلكىدىن ،
قولايلاشتى ۋە بولدى مودا .
بىزنىڭ ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ ،
خۇشاللىقى ئۇزاق بارمىدى .
چىقتى مىڭلاپ پىپاچى تۇڭزى ،
يەرلەشمىگەن يېرى قالمىدى .
تىجارەتنىڭ پىرى بۇ خەلق ،
تىجارەتتىن پايدا ئالمىدى .
پىپاچىنىڭ سېلى باسمىغان ،
غۇلجا ، قەشقەر ، خوتەن قالمىدى .
مەجبۇر قالدى يۇرتتىن چىقىشقا ،
توقسىنىنجى يىللار بېشىدا .
كانتىنېرنى تۇتتى دۇكان دەپ ،
بالىلىرىنىڭ رىسقى يولىدا .
قىشتا ئاياز كونىتەيىز دېگەن ،
يازدا ئوتتەك قىزىپ كېتىدۇ .
ئەمما ، كەچتە پۇلنى سانىساڭ ،
ھاردۇقلىرىڭ چىقىپ كېتىدۇ .
قۇچاق ئاچتى قېرىندىشىغا ،
قېرىندىشى ئورتا ئاسىيا .
كەلگەن ماللار سېتىلىپ تۇردى ،
پايدا قىلدى بولسىمۇ جاپا .
تۇرمۇش لازىم قېرىنداشقىمۇ ،
راستىن پۇلغا ئېھتىياچى بار .
ئىش ئۆگەندى يىقىلىپ – قوپۇپ ،
تىجارەتكە بولدى پەمى بار .
قازاق ، قىرغىز ، ئۆزبەك قېرىنداش ،
كانتەيىزگە قىستاپ كىرىشتى .
پىپاچىدىن ئالدى مېلىنى ،
ئۈرۈمچىدىن ئۇدۇل سېلىشتى .
سودا بىرئاز ئاستىلاپ قالدى ،
تېرىكمىدى ئۇيغۇر قېرىنداش .
نېمىشقىدۇ يەكلىنىپ قالدى ،
زېرىكمىدى ئۇيغۇر قېرىنداش .
قوللىرىدا خىتاي پاسپورتى ،
ئەركىنگىنە يۈرىيەلمىدى .
تىلىنى تېخى بىلمەيدۇ ئۇلار ،
روسچىنى تېز ئۆگىنەلمىدى .
روسچىسى بار ئۇيغۇرلىرىنى ،
ئورتاق قىلدى تىجارىتىگە .
(ئۇيغۇر بىلەن ئۇيغۇر قېرىنداش
پايدىسى كۆپ تاپاۋىتىگە )
تېرە ، پاختا ... دېدى بەزىلەر ،
كاتتا – كاتتا ئىشلار باشلىدى .
پۇلنى توپلاپ كەتتى، ئۇيغۇرنى
ئۈچەي بىلىپ سىرىپ تاشلىدى .
مەرھەممەت يوق مۇساپىرلارغا ،
سۆز ساھىبى ئۆينىڭ ئىگىسى .
(ھەر دۆلەتتە بىر ئەل ياشايدۇ ،
ئۇ خەلقتۇر ئۇنىڭ ئىگىسى .)
زىيان تارتقان ئۇيغۇر بۇ يەرگە ،
پىپاچىنى باشلاپ كېلىشتى .
پىپاچىدىن نىسى مال ئېلىپ ،
ساتارمىز دەپ ئۈمىد قىلىشتى .
شۇ ئۆي بىلەن يۇرتىمىزغىمۇ ،
خىتاي باشلاپ ئەكەلمىدۇقمۇ .
قولىمىزدىن كەتكەچكە ۋەتەن ،
بۇندا سەرسان يۈرۈشمىدۇقمۇ .
ئاھ، لەنىتى ئۇيغۇرچە ئەقىل ،
نېمە دېگەن چولتا ، كالتا پەم .
تۇتالمايمەن بەزەن ئۆزۈمنى ،
مازلىرىنى چۇگۇماي دېسەم .
پىپاچىلار بىلىپ بازارنى ،
ئۇچاق بىلەن ئۇچۇپ كېلىشتى .
ھۆكۈمتى ، بانكىلىرىدىن
كۈچلۈك ياردەم ئېلىپ كېلىشتى ...
ئۇيغۇر دېسە باجنى ، ساقچىسى ،
تاموژنىچى يولنى توسايدۇ .
ئېلىپ ، ئېلىپ تويمايدۇ ئۇلار ،
بەرمىگەننى تۇتۇپ سولايدۇ .
تىجارەتتە بەرىكەت قالمىدى ،
تاماقتا تەم ، تۇرمۇشتا ھۇزۇر .
قالدى كۆپلەر قولىنى چىشلەپ ،
ئىچى كاۋاك ، كىيىمى پۇزۇر .
سەھنە بولدى ئورتا ئاسىيا ،
چىگىش ، چىرماش پۈتمەس ھېسابقا .
پۇل تۈپەيلى تۇققانلار ئارا ،
كەم بولمايدۇ جېدەل – ماجىرا .
ئېتىلىدۇ ئون – ئونبەش كىشى ،
غالجىر ئىتتەك بىر تال سۆڭەككە .
بۇ رازالەت كەلمەيدۇ ئېغىر ،
ئاچلىق يەتكەن چاڭقاق يۈرەككە .
پۇل تۇتقانلار پۇلدىن ئايرىلىپ ،
رەھەتقىنا يۈرەلمەيدىكەن .
يوقسۇللۇقنىڭ قەھرى كىشىنى ،
ھەر بالاغا سۈرۈكلەيدىكەن .
بەزىلەرنى كۈنىدىن داستان ،
ھاياتىدىن رومان پۇتىدۇ .
سەرگەرداننىڭ ھىجرانلىرىدىن ،
ۋەتەنسىزگە دەرس چىقىدۇ .
نۇرغۇنلىرى ھەسرەتلىك تىنىپ ،
ئولتۇرىدۇ ، ئويلاپ كېتىدۇ .
يۇرتقا بارسا ئىش يوق ئۇلارغا ،
كېتەي دېسە نەگە كېتىدۇ .
شەدىن شەگە يۆتكۈلۈپ يۈرۈپ ،
ئۆتۈپ كەتتى يىگىرمە يىلىڭ .
بىر قانمىدىڭ بالا – چاقاڭغا ،
بۇ يوللاردا قالدى ياشلىقىڭ .
بايلىقلىرىڭ مەخپىمۇ ياكى ،
ئەي ، سودىگەر نەدە تاپقىنىڭ .
يا شاڭخەيدە قۇردۇڭمۇ بانكا ،
ياكى راستمۇ سېنىڭ پاتقىنىڭ ؟
ئاچچىقلانما تەنە قىلمىدىم ،
مەنمۇ سېنى ئويلاپ كېتىمەن .
كېچىلىرى دۇئالىرىمدا ،
ھەممىڭلارنى ساناپ ئۆتىمەن .
سەن پۇشۇرساڭ يەيدۇ باشقىلار ،
نېمە ئۈچۈن سېنىڭ ئىشىڭنى .
نېمە ئۈچۈن دەريا قۇرۇيدۇ ،
سۇ ئىچكىلى ئەگسەڭ بېشىڭنى .
بۇ ئەسلىدە تەلەيدىن ئەمەس ،
يوقلىغىدۇر ئازاد ۋەتەننىڭ .
دۇنيا كېزىپ بىلىۋاتىسەن ،
مەنىسىنى ھۆرلۈك دېگەننىڭ .
بولسا سېنىڭ ئازاد دۆلىتىڭ ،
ھەر دۆلەتتە ئېتىبارىڭ بار .
بانكاڭ سېنىڭ ئارقا تىرىگىڭ ،
چوڭ سۆزلەشكە ئىختىيارىڭ بار .
بۈگۈن سېنىڭ تەلىيىڭ قارا ،
ھەممە يۈزلەر تەتۇر قارايدۇ .
تۇققانلارمۇ قىلمايدۇ سالام ،
كاسكى ئىتمۇ سېنى تالايدۇ .
مەن بىلىمەن ، بېشىڭ قېتىقلىق ،
كۆزلىرىڭدىن ھەسرەت مارايدۇ .
سەن شۇ ئاندا نەگە كېتىسەن ،
ئەۋلادلىرىڭ قانداق ياشايدۇ ؟
ئويلىدىڭمۇ بۇلارنى باشتىن ،
بۇ ئىشلارنى ئەقلىڭ ئالمىدى .
ياخشى ئويلا ! ئويلاشتىن باشقا ،
قىلىدىغان ئىشىڭ قالمىدى .
ئۆزۈڭلارغا ھۆرمەت قىلىڭلار
بىشكەك ، تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر بازارلىرىدا ،
ئۇيغۇرلارنىڭ بىر – بىرىنى «ھەي ، سولامچى»
دەپ چاقىرىشقانلىرىنى كۆردۈم . نورمال
شارائىتتا ئۆز قېرىنداشلىرىمنىڭ ئاغزىدىن
بۇنداق سۆزلەرنىڭ چىقىشىغا ئىشەنمىدىم .
ئەمما ھەقىقەت شۇنداق ئىدى .
توۋلايسىلەر بىر – بىرىڭلارغا ،
«ئەي ، سولامچى بۇ ياققا كەل» دەپ .
ئاڭلىغانلار رەنجىمەيدىكەن ،
ئادەت ئىكەن سىلەردە بۇ گەپ .
ھەممىڭلارنى سولامچى بىلسەك ،
كىم بولىدۇ ئاياللىرىڭلار .
دادىسىنى قانداق تونۇيدۇ ،
ئۆيدە قالغان بالىلىرىڭلار ؟
خەلقىمىزنىڭ ئەركەكلىرىدە ،
بۇ قەدەر كۆپ «سولامچى» بارمۇ ؟
ئۆيلىرىنى ئېغىل سانامدۇ ،
خوتۇنلىرى چىشى پادىمۇ ؟
ئۆز – ئۆزىنى خار سانايدىغان ،
بۇ قانداق گەپ ، بۇ قانداق ئەدەپ .
بۇ سۆزۈڭلار ئۇيغۇر خەلقىنى
كەمسىتىشكە بولمامدۇ سەۋەب ؟
ياڭرىغاندا ئەزان ساداسى ،
ھەممىڭلارنى مەسچىتتە كۆردۈم .
«سولامچى» ۋە «مۇسۇلمان» لىقنىڭ
بىرلىكىنى سىلەردە كۆردۈم .
مەن ھەيرانمەن ، ئۇشبۇ ئېغىزدىن ،
قانداق چىقتى ئاللاھ ئايىتى .
بارمۇ بۇنداق «سولامچى»لارنىڭ
ناماز ئوقۇش سالاھىيىتى ؟
رەنجىمەڭلار قېرىنداشلىرىم ،
تۆۋبە قىلىپ ئادام بولۇڭلار .
ئاللاھ يامان كۆرگەن گۇنا بۇ ،
ئۆزۈڭلارغا ھۆرمەت قىلىڭلار !
بېرىپ تۇرماق
ئون تىيىن بېرىپ تۇرۇڭ !
بېرىپ تۇردۇم.
بىر سوم بېرىپ تۇرۇڭ !
بېرىپ تۇردۇم.
ئون ...
ئون بەش . . .
يىگىرمە يىل بېرىپ تۇردۇم .
سەن ھەر قېتىم مېنى كۆرگەندە ئېلىپ تۇردۇڭ .
مەنغۇ ساڭا پۇل بېرىپ تۇردۇم ،
سەن ياشلىقىڭنى ،
غۇرۇرىڭنى
كىمگە ۋە نېمىشكە بېرىپ تۇردۇڭ ؟
ئىنسان نېمىشكە . . .
ئىنساننىڭ ئىچىدىن ئىنسان چىقىدۇ ،
ئىنسانلار خىلمۇ خىل يولغا كېتىدۇ .
ئىنسانلار ئىنساننى گۆرگە تىقىدۇ ،
ئىنسانلار ئىنسادىن زۇلۇم چېكىدۇ .
ئىنسان بىز ، ئىنسانلىق قەدرىمىز قېنى ،
تۇغۇلدۇق دۇنياغا ياشىماق ئۈچۈن .
ياشىماق ھەققىمىز نەدە ،
كەلمىدۇق .
تۇغۇلغان يەردىلا بوغۇلماق ئۈچۈن .
پەقەت تىل ياكى دىن پەرقى تۈپەيلى ،
ئىنسانلار ئىنساننىى ئەشيا كارەمدۇ .
ئىنساننىڭ قەدرىدىن ئىنسان خەۋەرسىز ،
ئىنساننى ئىنسانلار خەجلەپ ئۆتەمدۇ .
ھاياتنىڭ لەززىتى ، سائادىتى يوق ،
ئىنسانلار ئىنساندىن قورقۇپ ئۆتەمدۇ .
قەيەردە ئىنساننىڭ قېرىنداشلىقى ،
ئىنساننىڭ قېنىنى ئىنسان ئىچەمدۇ .
دۇنيادا بىرلىكتە ياشاۋاتىمىز ،
ئىنساننى يىققانمۇ ، يىقىلغانلارمۇ .
يەنىلا بىرلىكتە كۆچۈپ كېتىمىز ،
ئىنساننى قىرغانمۇ ، قىرىلغانلارمۇ .
ئىنساننىڭ ئىچىدىن ئىنسان چىقىدۇ ،
نېمىشكە ئىنساندىن ئىنسان بىقىدۇ .
ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىنسان نېمىشكە ،
دۇنيانى قۇرۇدۇ ، دۇنيا يىقىدۇ ؟
شۇدۇر بىزنى ئاللاھ ئۇرغىنى
ۋەتەن ئۈچۈن دېدى ئىچىشتى ،
مىللەت ئۈچۈن دېدى ئىچىشتى .
ئەركىنلىك ۋە ئازادلىق دېدى ،
دېدى ، يېدى يەنە ئىچىشتى .
دەرتكە تولغان مەرت يىگىتلەر بۇ ،
ھاراق ئىچىپ رېكورت قىرىشتى .
مەيلىدىغۇ رېكورت قىرىشسا ،
ئىچە – ئىچە ئەقلى كېتىشتى .
ھەر نەرسىنى يوقىتىپ قويدۇق ،
بىرلا ئەقىل بىزدە قالغىنى .
ئۇمۇ قولدىن كېتىپلا قالسا ،
شۇدۇر بىزنى ئاللاھ ئۇرغىنى .
ئەمدى
يۇرتنىڭ بۇنچە چوڭ بولۇشى ،
كاپ يېرىنىڭ چۆل بولۇشى .
بايلىقنىڭ مول بولۇشى ،
سانا ئەتنىڭ نۆل بولۇشى .
ئادىمىنىڭ گول بولۇشى ،
بەزىلەرنىڭ سورىمايلا ،
ئۆزلۈكىدىن قۇل بولۇشى .
بىزگە مۇشۇ كۈننى بەردى .
پۈتمەيدىغان دەرت ئەكەلدى .
نېمە دەيمىز بۇ قىسمەتكە ،
بومبا شۇئان خەلق دەردى .
گېلىمىزدىن نان ئۆتمەيدۇ ،
يېسەك پۇشمان يەيمىز ئەندى .
بىزنىڭ باشقا چارىمىز يوق ،
قوزغۇلۇڭلار دەيمىز ئەندى .
روھىمىزغا قايتىپ بارايلى
تاغ ئىچىدىن ئاۋاز چىقارساق ،
كەتكەن ئاۋاز قايتىپ كېلىدۇ .
بىزمۇ شۇنداق ئۆز – ئۆزىمىزگە
قايتىپ كەلسەك نېمە بولىدۇ ؟!
ياتلاشتۇردى بىزنى بىزلەردىن ،
ئۆزىمىزگە ئوبدان باقايلى .
بىز بىزلەردىن ئۇزاقلاپ كەتتۇق ،
روھىمىزغا قايتىپ بارايلى .
كۈن كېلىدۇ . . .
ۋەتەن دېدىم ، بۇ يولدا كەتتىم ،
ماڭغان يولنى تەرك ئەتمىدىم .
تارتقان جاپا – كۈلپەتلىرىم كۆپ ،
چارچىساممۇ پەرق ئەتمىدىم .
ئەجەل مېنى پات – پات مارايدۇ ،
تۈز كەتمەيدۇ ماڭغان يوللىرىم .
«نېمىشكىمۇ ئۇيغۇر بولغانسەن»
دەپ سورايدۇ بەزى دوستلىرىم .
ئۇيغۇرلىقنى مەن ئىستىمىدىم ،
مېنى ئاللاھ ئۇيغۇر ياراتتى .
ئۇيغۇر سۈتى ئەمدۇردى ماڭا ،
ئۇيغۇرلارنىڭ سېپىگە قاتتى .
ئۇيغۇرلىقنىڭ گۇناھلىقىنى
ئاستا – ئاستا ئۈستۈم ئۆگەندىم .
ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمەنلىرىگە ،
مەنمۇ پىچاق بولۇپ بىلەندىم .
مۇجادىلە قىيىن – خەتەرلىك ،
دۈشمەن پىلدۇر ، بىزلەر چۈمەلە .
بىز مۇش ئاتساق تۇيمايدۇ دۈشمەن ،
دۈشمەن تەپسە يەر – كۆك زىلزىلە .
ئەي ، دۈستلىرىم كۈلمەڭلار ماڭا ،
دۈشمەنگە تەڭ كېلەلەمدۇ دەپ .
ئەگەر پەمىڭ – پىلانىڭ بولسا ،
سېۋەتتە سۇ توختىتار سەۋەب .
ئاڭلىغانمۇ پىل ۋە چۈمۈلە
مۇجادىلە ئەپسانىسىنى
چۈمۈلىنىڭ پىلنىڭ بۇرنىغا
كىرىۋېلىش ھېكايىسىنى ْ
مېڭىپ – مېڭىپ چۈمۈلە پىلنىڭ
مېڭىسىگە كېلىپ توختىغان .
غىدىقلىغان چۈمۈلە تىنماي ،
پىل يېرىدە توختىيالمىغان
مېڭىسىدە راھەتسىزلىك بار ،
كېچىلىرى ئۇخلىيالمىغان .
قۇتىرىغان ئورمانلاردا پىل ،
ئۇسسۇمىغان دەرەخ قالمىغان .
ئۇسە – ئۇسە تاغۇ – تاشلارغا ،
پىل ڭىقىلغان ھۇشىدىن كېتىپ .
غەلىبە قىلغان چۈمۈلە ئاخىر ،
كاتتا پىلنىڭ جېنىنى ئېلىپ ...
. . . . . . . . . . . . . . . . . . . . .
بۇ بىھۇدە ئۇرۇنۇش ئەمەس ،
بىر كۈن بۇنىڭ نەتىجىسى بار .
بىز ئاجىز – يۇ يۇرتنىڭ ئىگىسى ،
بىزدە ۋەتەن ئەقىدىسى بار .
دۈشمەن بىلمەس مىليون يۈرەكتە ،
يۇرت سۆيگۈسى تەخت قۇردىغۇ .
ھەتتا يايلاق ، يېزىلارغىچە ،
ئازادلىق ! دەپ قەسەم قىلدىغۇ .
ئىستىگەنگە بېرىدۇ ئاللاھ ،
نۇرغۇن ئىستەك گەرچەك بولىدىغۇ .
ئىككى مىڭ يىل ۋەتەنسىز قالغان ،
يەھۇدىلار دۆلەت قۇردىغۇ .
ئاسىيادىن ياۋروپاغىچە
قانات يايغان ھونلار قەيەردە .
ياكى روما ئىمپىريىسىنىڭ
ئۆزى قېنى ، ئىزلىرى نەدە ؟
بۈگۈن بىز دەپ كۆرەڭلىگەننىڭ ،
ئەتىسىنى بىلەلەمسىلەر .
ياپونلارنىڭ كىچىك ئارالدا
قېلىشىنى كۈتەلەمسىلەر ؟
قىشتىن كېيىن باھار كېلىدۇ ،
تۈندىن كېيىن كۈندۈز بولىدۇ .
تەبىئەتنىڭ ھەقىقىتى بۇ ،
ھايات شۇنداق داۋام ئېتىدۇ .
كۈن كېلىدۇ ۋەتىنىمىزنىڭ
تامامىغا ئىگە بولىمىز
بىزمۇ دۇنيا مىللەتلىرىدەك
بەخت بىلەن قۇچاقلىشىمىز .
ۋىجدانىڭلار بىباھا ئۇرۇق
ئىپتىخارىم – ياش ئەۋلادلىرىم ،
ۋىجدانىڭلار ئوخچۇپ تۇرىدۇ .
ۋىجدانىڭلار خەلققە ئىلھام ،
ياۋغا قايغۇ بېرىپ تۇرىدۇ .
ۋىجدانىڭلار بەزەن سىلەرگە
زىيان – زەخمەت بېرىپ قالىدۇ .
گۈلنى ئۈزسەڭ تىكەنلىرى بار ،
گاھى جانغا پېتىپ قالىدۇ .
بىلىسىلەر كېچىدە شاممۇ ،
ئۆزى كۆيمەي بەرمەيدۇ يورۇق .
سايدا تاش كۆپ ، تېپىلماس گۆھەر ،
شۇڭا ۋىجدان ئىگىسى ئۇلۇغ .
كۆپەيتىدۇ زىمىنىمىزدا ،
ۋىجدانىڭلار بىباھا ئۇرۇق .
بۇ ۋەتەندە بايرام قىلىمىز ،
ئۇرۇق يۇرتنى قاپلىسا تولۇق .
ئاللاھىم
ئاللاھىم ، ساڭا بىر ئەرزىم بار ،
بەلكىدە دۇئايىم ئورۇنسىز .
چارىسىز گۇناھكار قۇلۇڭمەن ،
مەسىلە يېشىلمەس سېنىڭسىز .
بىزگە يەر بېرىپسەن بىپايان ،
چۆلى كۆپ ، سۈيى ئاز ، ھوسۇلسىز .
ھاكىمدۇر بۇندا چۆل ئىقلىمى ،
بۇ يۈزدىن ۋادىلار ئۈنۈمسىز .
ئىنسانى لايغەزەل ، بىغەمرەك ،
روھىمۇ زىمىندەك ئۈنۈمسىز .
تەقدىرى نە ھالدا بىلمەيدۇ ،
نۇرغۇنى نادان ۋە بىلىمسىز .
ئىچىدىن پادىشاھ چىقارتتىڭ ،
باش تارتتى ، ئىتائەت ئەتمىدى .
سەن بەرگەن زىمىننى ياشنىتىش
ۋە قوغداش قولىدىن كەلمىدى .
بەلكىدە كەچۈرۈم قىلمىدىڭ ،
تارىختا ھېسابسىز خاتاسى .
خارلىقتا ھايۋاندىن پەرقى يوق ،
كۆرگىنى خاتانىڭ جاپاسى .
ئاللاھىم ، بۇ ئاسى قەۋمىڭنى
يارتىپ پۇشايمان قىلغاندەك ؛
ئەۋەتتىڭ بىر دەججال بار – يوقنى
يالمايدۇ يەر – كۆكنى تىلغاندەك .
ئاللاھىم ، بۇ جاندىن جاق تويدۇق ،
بۇ ۋەتەن بىز ئۈچۈن قىيامەت .
ئارزۇيۇم توپ – يەكۈن جىھاتتۇر ،
ئەيلىگىن قەۋمىڭنى ھىدايەت .
قورقۇدىن قەلبىنى ئازاد ئەت ،
روھىغا ئاتا قىل شىجائەت .
ياشىساق ئىنساندەك ياشايلى ،
ئەلادۇر قۇللۇقتىن شاھادەت .
ھېيتىگاھ گۇۋاچى
ھېيتىگاھ جامى قەدىمى ئەسەر ،
ئۇزاق تارىخ گۇۋاچىسى ئۇ .
ئۆتۈپ تۇرغان ھادىسىلەرگە ،
شاھىت بولدى بۈگۈن كېچىمۇ .
قارشىسىدا ئېسىل رېستۇران ،
توي چىللىقى زىياپىتى بار .
قەشقەرنىڭ ئەڭ مۆتىۋەرلىرى
ۋە ھۆكۈمدار كىشىلىرى بار .
كۆرمىگەنلەر قىياس قىلالماس ،
قەشقەردە توي زىياپىتىنى .
ئۇلۇغلايدۇ مىللى ئەنئەنە ،
داستىخاننىڭ كارامىتىنى .
مەشھۇر بولغان مەزەلىرى بار ،
قاراخانى زامانلىرىدىن .
مۇمكىن بولسا تېتىپ كۆرسىلەر ،
دۇنيا ئەھلى تائاملىرىدىن .
تارتىلىدۇ قويۇق – سۇيۇقلار ،
تارتىلىدۇ ھەر خىل كاۋاپلار .
تارتىلىدۇ مېۋە – چىۋىلەر ،
پەتنۇسلاردا قەنۇ – ناۋاتلار .
سەنئەت دېسە مۇقام يۇرتى بۇ ،
ۋە سامانىڭ ئانا ماكانى .
زىياپەتتە چېلىنغان سازلار ،
ئەللەيلەيدۇ يەرو – سامانى .
ئىنسانلارنىڭ يۈزىدە كۈلكە ،
رەڭداق ، گۈزەل كىيىم – قىياپەت .
غەمدىن خالاس قىز ۋە يىگىتلەر ،
كۆزلىرىدە بەخت – سائادەت ...
. . . . . . . . . . . . . . . . . . .
ھېيتىگاھ جامى يان تەرىپىدە ،
ئۇيقۇسىغا چۆمگەن كوچىلار .
بىر بۇرجەكتە – قاراڭغۇلۇقتا ،
قىمىلدىغان بىر كۈلەڭگە بار .
ياش بىر ئايال ئۈستىۋېشى كىر ،
بەزى – بەزى مۈگدەپ قالىدۇ .
ئالدىدىكى ئۈچ بالىسىنى ،
ئىتىكىدە ئورىۋالىدۇ .
چىرايىدىن ئۆچكەن تۇيغۇلار ،
ھاياتىدىن بەزگەن ھالى بار .
ئانا باقار ئۇماقلىرىغا ،
مىشىلدىشىپ ئۇخلار بالىلار .
ئۇلار بىزەڭ تىلەمچى ئەمەس ،
پەيغەمبەرنىڭ ئەتىۋالىرى .
بىر شەھىتنىڭ ئائىلىسىى ئۇ ،
ئۇ ئالەمنىڭ بەختىيارلىرى .
ئەمما شۇئان كېتەر يېرى يوق ،
غەق ئالدىدا ئېتىبارلىرى .
چېكىنىدۇ ئۆيگە ئېلىشتىن ،
شەھەردىكى ئەقرىبالىرى .
بەزەن كېچە قاراڭغۇلىقىدا ،
كىمدۇر بىر خەت تاشلاپ كېتىدۇ .
خەت ئىچىدىن چىققان پۇللارنى ،
بىر – ئىككى ئاي خەجلەپ ئۆتىدۇ .
ھېچكىم ئىشقا ئالمايدۇ ئۇنى ،
ئېيتالمايدۇ خەقكە سىرىنى .
جەسىدىنى شەھىت ئېرىنىڭ ،
بىلەلمەيدۇ نەدىلىكىنى .
ئۇدۇل كەلگەن يەردە تۈنەيدۇ ،
يەر سېلىنچا ، ئاسمان يېپىنجا .
بۇ مىللەتنى يەر يۇتارمىدۇ ،
شەھىت نەسلى ئەسكە ئېلىنسا .
بىز سىلەرنى ئەھلى جامائەت ،
توي – زىياپەت قىلما دېمەيمىز .
قىلىڭلارۇ ، ئەمما سىلەردىن ،
بىر ئاز ئىمان – ئىنساپ تىلەيمىز .
ھېيتىگاھ جامى قەدىمى ئەسەر ،
ھەر ۋەقەنى كۆرۈپ تۇرىدۇ .
ئەسىرلەرچە سۈكۈتتە ئەمما ،
ھەق – ناھەقنى سېزىپ تۇرىدۇ .
بەلكى ئەتە بولىدۇ زەپەر
زىيانلىقتۇر مىللى پوچىلىق ،
چۈشكۈنلۈكمۇ ئۇنىڭدىن بەتەر .
چۈتكۈل مىللەت بىلسۇنكى شۇنى ،
يوللار قىيىن ، دۈشمەنلەر زەھەر .
كۆرگەن سانسىز تەجرىبىمىز بار ،
قىسقا ئەمەس بىز ماڭغان سەپەر .
بىز بىلەن تەڭ كېلىۋاتىدۇ ،
سايىمىزدەك ئەگىشىپ خەتەر .
ئاشالمايمىز غاردىن ، داۋاندىن ،
تەندە قۇۋۋەت بولمىسا ئەگەر .
بىز ئويلايلى ئۇزاقنى ئەمما ،
بەلكى ئەتە بولىدۇ زەپەر .
ئايرىلدىم سەندىن
يۈرە – يۈرە ئايرىلدىم سەندىن ،
بىلە – بىلە ئايرىلدىم سەندىن .
كۆيە – كۆيە ئايرىلدىم سەندىن ،
سۆيە – سۆيە ئايرىلدىم سەندىن .
تۇنجى سۆيگۈ كۆرگۈنۈممۇ سەن ،
مېنىڭ تۇنجى سۆيگۈنۈممۇ سەن .
ئاشىق بولۇپ كۆيگۈنۈممۇ سەن ،
سۆيە – سۆيە ئايرىلدىم سەندىن .
ئايرىلىشىم ئۇنۇتۇش ئەمەس ،
دەرد – ئەلەمدىن قۇتۇلۇش ئەمەس .
باشقىسىغا يولۇقۇش ئەمەس ،
سۆيە – سۆيە ئايرىلدىم سەندىن .
كۆزلىرىمدە سىمالىرىڭ بار ،
خاتىرەمدە ئىمالىرىڭ بار .
بوينۇمدا ھەم تۇمالىرىڭ بار ،
سۆيە – سۆيە ئايرىلدىم سەندىن .
مېنىڭ بەختۇ – سائادىتىم سەن ،
ھەقىقىتىم – ئادالىتىم سەن .
ئىپتىخارىم – ئىناۋىتىم سەن ،
سۆيە – سۆيە ئايرىلدىم سەندىن .
ئەھدىم يەنە ساڭا كېلىشتۇر ،
ھاياتىمنى ساڭا بېرىشتۇر .
سېنىڭ بىلەن مەڭگۈ قېلىشتۇر ،
سۆيە – سۆيە ئايرىلدىم سەندىن .
رەببىم . . .
بۇ يۇرت بىزگە دوزاخ بولدى بېقىپ بىر كۈلمىدىڭ رەببىم ،
سائادەت تاپمىدى بۇ ئەل ۋە يا يوق ئەتمىدىڭ رەببىم .
تېخى ئون ئالتە ياشتا ئىدىم قېنىمغا بىر كېسەل بەردىڭ،
يېشىم ئاشتى – يۇ ئەللىكتىن، چىگىشنى يەشمىدىڭ رەببىم .
قۇلايمۇ بۇ قەدەر يۈكنى يۈدۈپ يۈرمەك بۇ بەندەڭگە ،
ھېسابسىز گاسۇ – كۆر دىلغا نۇرۇڭنى سەپمىدىڭ رەببىم .
ياراتمىشسەن بۇ تۇپراق قوينىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر ،
ئۇنىڭ ئىشقىنى ھەركىمگە نىچۈن تەڭ بەرمىدىڭ رەببىم .
بېقىپ قان لەيلىتىپ تۇرغان زېمىنغا ، تاقىتىم – تاقتۇر ،
ئۇ قان تۆككەن قارا كۈچنى ياشاتتىڭ ، ئەزمىدىڭ رەببىم .
جاھالەتنى سۆكۈپ باقتۇق ، قىلىچلار ئوينىتىپ باقتۇق ،
ھالاك بولدۇق ، شەھىت بولدۇق ، زەپەر كۆرسەتمىدىڭ رەببىم .
شەھىت پۇشتى يېتىم – تۇلنىڭ دۇئاسى راست قوبۇل بولسا،
دۇئا ئەتتۇق ، دۇئا ئەتتۇق . . . ئىجابەت ئەتمىدىڭ رەببىم .
ئازايدى سانى شۇڭقارىڭ ، خەلق سەرسان يۈرۈپ قالدى ،
يەنە قان دەيدۇ ئەجدەرھا ، يولىنى كەسمىدىڭ رەببىم .
ئامانەت ئەتتى بۇ قەۋمىڭ ئۆزىنى بۆرە – يولۋاسقا ،
ئۇنى مۆمىن ياراتتىڭ – يۇ ، ھىدايەت ئەتمىدىڭ رەببىم .
يىلاننى قوينىدا ساقلاپ ساۋاب ئىزدەر ئەزىز خەلقىم ،
ساقاللىق شۇ بوۋاقلارغا ئەقىل بەخشەتمىدىڭ رەببىم .
قۇلۇڭغا تەس، ساڭا مۇتلەق ، ئاتا قىل بىزگە نۇسرەتنى ،
ئادالەت شەمشىرىنى بىر قېنىدىن چەكمىدىڭ رەببىم .
«بولمايدۇ» نىڭ مەنىسى بۈيۈك
ئەي ، مەزلۇم مىللەتنىڭ مۆتىۋەرلىرى ،
سىلەرگە بىر سۆزنى دېمەي بولمايدۇ .
«بولمايدۇ» ئەپسۇسكى لۇغىتىمىزدا
بۇ سۆزگە تەكرار كۈچ بەرمەي بولمايدۇ .
«بولمايدۇ» سۆزىنى مەشىق قىلىڭلار ،
«بولمايدۇ» نىڭمۇ ئېتىبارى بولسۇن .
«بولمايدۇ» نى بىزگە ئۇنۇتتۇرغانلار ،
«بولمايدۇ» كۈچىنى ئېسىگە ئالسۇن .
چۈنكى بۇ ھاياتنىڭ مەنتىقى شۇنداق ،
«بولىدۇ» نىڭ يەنە «بولمايدۇ» سى بار .
«بولىدۇ» ئەللىك يىل بەك كۆپ دېيىلدى ،
«بولمايدۇ» نىڭ قايتا تىرىلگۈسى بار .
ۋاراقلاپ كۆرۈڭلار كەچمىش تارىخنى ،
«بولمايدۇ» كۆپلىگەن داھى ياراتقان .
ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى ماۋ زېدۇڭ ،
ئۆزىگە بىر مىليارد ئىنسان قاراتقان .
«بولمايدۇ»نى نوقۇل دەڭلار دېمەيمەن ،
ھەر سۆزنى ئورنىدا قوللانغان تۈزۈك .
«بولمايدۇ» ئۇنتۇلغاچ بەدەل بىھىساب ،
بىزگە «بولمايدۇ» نىڭ مەنىسى بۈيۈك .
بىر كۈنى سەن بىلەن قۇچاقلىشىدۇ
يۈزلىگەن ئىلىم ئەھلى ھەر دۆلەتتە ،
ئەڭ ئالىي ئىلمى ئۇنۋان ئېلىپ قالدى .
ۋەتەنگە كېتەي دېسە خىتاي يامان ،
ئوقۇشنى پۈتتۈردى – يۇ ، تىنەپ قالدى .
بىھاجەت سۇغا ، دېڭىز – ئوكيانلار ،
تامچىلار دېڭىزلارغا سىڭىپ كەتتى .
ئەسلىدە سۇغا تەشنا تەكلىماكان ،
تېخىمۇ سۇسىزلىقتىن قۇرۇپ كەتتى .
يۇرت – ۋەتەن ئۇلارغا ، ئۇلار ۋەتەنگە
ئۇزاقتىن ئۆزئارا تەشنا باقىدۇ .
يۇرت سۆيەر يۈرەكلەر تۇيغۇسىز ئەمەس ،
ھىجران ھەسرىتى تولۇپ ئاقىدۇ .
ئۇلار ئۆز خەلقىنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدى ،
قانداقمۇ يۈرتىدىن يىراقلىشىدۇ .
ۋەتىنىم پەخىرلىك پەرزەنتىڭ ئۇلار ،
بىر كۈنى سەن بىلەن قۇچاقلىشىدۇ .
ئاللاھنىڭ ھېكمىتى جىلۋىلىنىدۇ
يايغاندا تاۋۇس قۇشى قۇيرىغىنى،
ئىنساننىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدۇ .
غەلىتە ئاۋازدا غىقىلداشلىرى ،
ئەپسۇسكى كۆڭۈلگە غەشلىك بېرىدۇ .
بۇلبۇلنىڭ ساداسى يۈرەككە داۋا ،
سايرىسا ئىنساننى مەمنۇن ئېتىدۇ .
زوقلۇنۇپ ئۇنىڭغا باقماقچى بولساڭ ،
كۆرگىنىڭ كۆرۈمسىز قۇچقاچ بولىدۇ .
نەقەدەر مۇكەممەل بولغان بولاتتى ،
بۇلبۇلنىڭ ساداسى تاۋۇستا بولسا .
ۋە ياكى تاۋۇسنىڭ ئۇ گۈزەللىكى ،
ئاشىقلار كۈيچىسى بۇلبۇلدا قالسا .
ھەيرانمەن دۇنيانىڭ يارىلىشىغا ،
بىرىدە بولغىنى باشقىسىدا يوق .
ھەر شەيئى ئىنساننى ئويغا سالىدۇ ،
دېمەككى ئاللاھنىڭ ھىكمىتى ئۇلۇغ .
تىگىگە يېتىلمەس بۇ كارامەتلەر ،
ئەقىل ئىگىسىگە دەرس بېرىدۇ .
تەبىئەت قوينىدا ھەر مۆجىزەدىن ،
ئاللاھنىڭ ھېكمىتى جىلۋىلىنىدۇ .
ساختا مۇجاھىتقا مەسلىھەت
ئاپىرىن ساڭا ئەي ئۇيغۇر مۇجاھىت ،
قىتئەدىن قىتئەگە قېچىپ يۈرۈپسەن .
«دۇنيادا خىتاي يوق دۆلەت بارمۇ » دەپ ،
ھەر كەتكەن يېرىڭدە سوراپ كۆرۈپسەن .
ئەگەر بۇ دۇنيادىن ئەمىن بولمىساڭ ،
قاناتلار چىقىرىپ بۇلۇتلارغا قاچ .
ئۇنداق بىر مۆجىزە يارىتالمىساڭ ،
ياخشىسى ئادەم يوق قۇتۇپلارغا قاچ .
ھېچكىم پوستا مۈگدەپ قالمىسۇن
چىن – خۇاڭخې دەرياسى شۇئان ،
سۈرئەت بىلەن ئەزىم ئاقىدۇ .
بىر كۈن بەلكى تاشقىن بولىدۇ ،
يا ئاپەتتىن قۇرۇپ قالىدۇ .
شۇ چاغ بىزگە پۇرسەت كېلىدۇ ،
بىز دوستلارنى كۈتۈۋالىمىز .
تارىخلاردىن بىرى يوقاتقان
مۈلكىمىزنى تېپىۋالىمىز .
بىزگە تەدبىر ۋە سەبىر لازىم ،
كۈچ بىھۇدە خوراپ كەتمىسۇن .
بارلىقىمىز ئەتىمىز ئۈچۈن ،
ھېچكىم پوستا مۈگدەپ قالمىسۇن .
ئېسىڭدە تۇت ئاپتاپپەرەسلەر
بارغان يەردە شكايىتىڭ شۇ ،
«قانداق ئۇيغۇر يارالغاندىمەن»
گەپ باشلايسەن ئاز مىللىتىڭگە ،
پۈتمەيدىغان نەپرىتىڭ بىلەن .
ئەي ، تۇز كورلار نامايەندىسى ،
ئېيتقىن ، ئۆزۈڭ قانچىلىك نېمە ؟
ئۇيغۇر ساڭا نېمىلەر بەردى ،
سېنىڭ ئاڭا بەرگىنىڭ نېمە ؟
بىر چىۋىنسەن مىللەت ئالدىدا ،
بار – يوقلىقىڭ بىلىنمەس پەقەت .
خىجىل قىلسا ئۇيغۇرلۇق سېنى ،
ئۇيغۇرلۇقتىن دەرھال چىقىپ كەت .
شۇ ئەھۋالدا قالدىمۇ ئۇيغۇر ،
سەن جېنىڭدا نۇمۇس قىلغىدەك .
ئىكەك بولدۇڭ سەنلەر ،
سەن بىلەن
ئىكەكلەندى بۇ ئېزىز مىللەت .
دەردى ئازمۇ ئۇيغۇر دېگەننىڭ ،
ھەر تەرەپتە ئەجەل تورلىرى .
ئۆز ئىچىدە مۇناپىقلىرى ،
تېخى سەندەك تۆھمەت خورلىرى .
ئاسىيانىڭ ھامىسى بولغان ،
مۇھەممەتنىڭ ئۇممەتلىرى بۇ .
ئىنسانلارغا ھۆرلۈك ياراتقان ،
ئوغۇزخاننىڭ ئەۋلادلىرى بۇ .
ئېسىڭدە تۇت ئاپتاپپەرەسلەر ،
ئۇيغۇرغىمۇ قۇياش تۇغىدۇ .
مىللىتىدىن نومۇس قىلغانلار ،
نۇمۇسىغا غەرق بولىدۇ .
ئوغلاقنىڭ سۇنى بۇلغىشى
(مەسەل)
تاغ ئىچىدە خىلۋەت جىلغىغا ،
سۇ ئىچكىلى بۆرە كېلىدۇ .
خېلى ئۇزاق تۆۋەن تەرەپتە ،
سۇ ئىچكەن بىر ئوغلاق كۆرىدۇ .
قورسىقى ئاچ بۆرىنىڭ بىردىن
ئىشتىھاسى ئەقىل بېرىدۇ .
ـ ھەي ، ھاماقەت سۇنى بۇلغىما ،
- دەيدۇ بۆرە ئاڭا يۇرىدۇ .
ساددا ئوغلاق سۇ ئىچىۋېتىپ ،
ـ سەن باشتا ، مەن ئاياغدا دەيدۇ .
ـ مېنى تېخى يالغانچى دەمسەن ،
دەيدۇ بۆرە ئوغلاقنى يەيدۇ .
مەجھۇل تۇيغۇلار
ئەي ، ئاللاھىم نېمە ئازاب بۇ ،
مېنى قىلدىڭ ئۇلاردىن بىرى .
ياراتمىدىڭ ئۇلارنى مەندەك ،
ياكى مېنى ئۇلاردىن نېرى .
مەجبۇرلايدۇ ئۆز قەۋمىم مېنى ،
ئۆزى بىلەن كوچىلاشقىلى .
بەزىدە قان ئاغزى – بۇرنىمىز ،
جان بېرىمىز بەز تالاشقىلى .
ئۆزىمىزنى ماختاشقا كەلسەك ،
كۆككە سىغماس بىز ئاتقان پاختا .
يۇرت سۆيۈشتە ئىگە ئەمەسمىز ،
ئىت يالاقنى سۆيگەن ساۋاتقا .
بىزدە دۇنيا چىمپىيونى يوق ،
چىمپىيون بىز ھاماقەتلىكتە .
خەق دۇئاچى بىر – بىرى ئۈچۈن ،
بىز ئۆزئارا تۆھمەتچىلىكتە .
باقماي تۇرۇپ تەسلىم بولىمىز ،
مىلتىق تۈگۈل كۈسەي تەڭلىسە .
دۈشمەن كۆرمەي مەغلۇپ بولىمىز ،
زەربە ئۇرۇپ بىر – بىرىمىزگە .
ھىدايەت قىل بىزلەرنى يا رەپ ،
قەلبىمىزگە نۇرۇڭنى تارات .
بىزنى بىزدىن ھىمايە قىلغىن ،
ياكى بىزنى قايتىدىن يارات .
نەسىھەتگۈي شائىركەن دېمەڭ
ئوقۇپ پارچە – رۇبائىلارنى ،
نەسىھەتگۈي شائىركەن دېمەڭ .
بىر مۇسىبەت مىڭ نەسىھەتتىن ،
ئەلا بولۇر دەپتىكەن پەرەڭ .
ئويلىغاننى يازدىم ئەسلىدە ،
بەك خوشۇم يوق نەسىھەت بىلەن .
مىسرالارنىڭ تەمىنى تېتىڭ ،
بىلگەنگە بال مەرىپەت دېگەن .
يارىلانغان ياشلىق باھارىم ،
دۈشكەلەنگەن ئەزىيەت بىلەن .
دەشنام يېگەچ ناھەقچىلىكتىن ،
دوستلۇق قۇرغان ھەقىقەت بىلەن .
كۆرگەنلىرىم چېچىمدىن تولا ،
خامان ، خامان سەۋدالىرىم بار .
ئەللىك يىللىق ھايات دېڭىزدىن ،
سۈرۈپ ئالغان جەۋھەرلىرىم بار .
ئۆلچەنمەيدۇ ئىنسان قەدىرى ،
باي يا يوقسۇل بولۇشى بىلەن .
ئايىغىڭدا دۇنيا تىرىشساڭ ،
ياراتقاننىڭ قوللىشى بىلەن .
باي دېمەيمەن ئۆزۈمنى ئەمما ،
مىسرالاردا بايلىق ياتىدۇ .
قەبرە ئەمەس دىللارغا كۆچمەك ،
مىڭ ئۆمۈرگە يېتىپ ئاشىدۇ .
تۇرغۇن ئالماسنىڭ ۋاپاتىغا
شەخسنى كۈيلىمەك ئادىتىم ئەمەس ،
بۇ ئەھدىم پەقەتلا سەندە بۇزۇلدى .
ئۆمرۈڭدە قىلمىدىڭ شۆھرەتكە ھەۋەس ،
شۆھرىتىڭ قىتئەلەر ئارا تونۇلدى .
ئەي ، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ قەھرىمان نەسلى ،
يېڭىلگەن مىللەتنىڭ يېڭىلمەس ئوغلى .
ئۈمىدسىز دىللارنىڭ ئەي باھار پەسلى ،
ئىگىسىز خەلقنىڭ ئىگىلمەس ئوغلى .
خەلقىڭنىڭ جاپاسى سېنىڭ ھاياتىڭ ،
چەكتىڭ كۆپ مۇشەققەت نالە قىلمىدىڭ .
دۈشمەننى چۆچۈتتى ھەربىر قارارىڭ ،
ۋىجدانغا مۇخالىپ يولغا كىرمىدىڭ .
سۈرگۈنلەر ، يەكلەشلەر ، تۈرمە – قەپەسلەر ،
ئىرادەڭ ئالدىدا بىچارە قالدى .
ئۆلۈمگە يۈزمۇ – يۈز كەلگەن نەپەسلەر ،
بېشىڭ تىك ، بېقىشىڭ نۇرانە قالدى .
سەكراتتا ياتقانغا بېرىلگەن قاندى ،
ئۇ «ئۇيغۇر تارىخى» بۈيۈك ئەسىرىڭ .
تارىختىن ساقلانغان تارىخى شاندى ،
ئۇ شانغا جان بەرگەن سېنىڭ قەلىمىڭ .
بىر تۇرغۇن ئالماسنى كۆپ كۆردى بىزگە ،
قەلەمگە قارشى مىلتىق قاراتتى .
شان – شەرەپ ياغدۇردۇڭ شەرىپىمىزگە ،
بىر تۇرغۇن مىڭلىغان ئالماس ياراتتى .
ئۆتمەكتە بىز شۇئان ئەڭ سوڭ خەتەردىن ،
تۈن قانچە قارايسا يورۇقلۇق يېقىن .
بىزگە تەس ئايرىلماق سېنىڭدەك ئەردىن ،
توختىماس ، سەن بىلەن ئويغانغان ئېقىن .
بۇ يولدا ياشىدىم ، بۇ يولدا ئۆلەي
«ئىستانبۇل دۇنيانىڭ جەننىتى شەھەر ،
يېشىللىق دۇنياسى ئانا تولىيە .
بۇ ۋەتەن سېنىڭدۇ ، غۇرۇرلان دوستۇم ،
قۇچىقى ئوچۇقتۇر تۈرك ئەھلىگە .
خانتەڭرى تەرەپكە ھەسرەتلىك بېقىپ ،
يۇرتۇم دەپ يىللارچە چەكمىگىن پىراق .
قۇم باسقان ماكانىڭ ئۇزاقتا قالدى ،
چۆللەرنى ئۇنۇت ، بۇ گۈزەللىككە باق»
«ئەي ، دوستۇم ، ھېس ئەتكىن تۇيغۇلىرىمنى ،
ھەركىمگە ۋەتىنى – ئانا دېمەكتۇر .
ياشىغان يېرىڭنىڭ سۆيگۈسى باشقا ،
تۇغۇلغان يۇرتۇڭنىڭ مېھرى بۆلەكتۇر .
بالىنىڭ ئانىغا سۆيگۈسى شەرتسىز ،
ئانىنىڭ ئەيىۋى كۆزگە كۆرۈنمەس .
دۇنيادا ئەڭ گۈزەل ، مۇكەممەل ئانا ،
ئانىنى ئەۋلادى باشقا چۈشەنمەس .
ھەقلىق سەن ، تەقدىرۇ – قىسمەت تۈپەيلى ،
ئەڭ گۈزەل شەھەردە ياشاپ تۇرىمەن .
بىراق بۇ ئاللاھتىن بېرىلگەن ئىشىق ،
بۇ ئوتنىڭ ئىچىدە يېنىپ كۆيىمەن .
باقىمەن ئاسماندەك سۈزۈك دېڭىزغا ،
ئەكسىدە بىپايان چۆلنى كۆرىمەن .
ماشىنا ئېقىنى ئىچىدە يوللىرىم ،
ئويۇمدا توپىلىق يولدا كىزىمەن .
سارايدەك رېستۇران زىياپىتىدە ،
خىلمۇخىل تائامغا كۆزۈم قارايدۇ .
ۋە لېكىن بۇرنۇمغا ئانام پۇشۇرغان
مىزىلىك زاغىرنىڭ ھىدى پۇرايدۇ .
قۇملۇقنىڭ چېتىدە بوستانلىق يېزام ،
ئۇ يەردە خىتاينىڭ جەبىرلىرى بار .
بالىلىق خاتىرەم قالغان زېمىن ئۇ ،
دادام ۋە ئانامنىڭ قەبرىلىرى بار .
سۆيىمەن يۇرتۇمنىڭ چۆل – جەزىرىنى ،
سۆيىمەن يايلىقى ، بوستانلىقىنى .
سۆيىمەن سۈيىنى ، ئورمانلىرىنى ،
سۆيىمەن گىياسىز تاقىر تېغىنى .
ئىختىيار ئۆزۈمنىڭ ئىلكىدە ئەمەس ،
يۇرىكىم يۇرتۇمغا سوقۇپ تۇرىدۇ .
سوقسىغۇ مەيلىغۇ كېچە – يۇ كۈندۈز ،
كاۋاپتەك پىژىلداپ كۆيۈپ تۇرىدۇ .
روھىمنى ، زېھنىمنى ئالغان كېسەل بۇ ،
بۇ ئاشىق ئۆمرۈمنى ئىشخال ئەيلىدى .
يۇرتۇمنى بىر مىنۇت ئۇنۇتالمىدىم ،
دەرد چەكتىم بىر كۈنۈم راھەت ئۆتمىدى .
كۈچ – قۇۋۋەت ئاللاھتىن بولمىسا ئىدى ،
بۇ ئېغىر يۈكلەرنى كۆتۈرەلەمتىم .
مىللىتىم ئىچىدىن چىققان مەلئونلار
ئەزىيەتلىرىگە چىدىيالامتىم .
مەن بايلىق ، گۈزەللىك پىشىدە ئەمەس ،
قوي دوستۇم بېشىمغا كەلگەننى كۆرەي .
يۇرتۇمنىڭ ھۆرلۈكى غايەمدۇر مېنىڭ ،
بۇ يولدا ياشىدىم ، بۇ يولدا ئۆلەي » .
بىراق – زە . . .
خەلقىمنىڭ بەزىدە بىخۇتلىشىشى ،
يىلان ئۇگىسىغا قولىنى سېلىشى ؛
سەپەرگە باشقىلار ئۇچاقتا چىقسا ،
ئاتامدىن قالغان دەپ ئاتلىق مېڭىشى ؛
بىر يىللىق ھوسۇلنى كەلكۈنگە بېرىپ ،
سائەتلىك ئۇيقۇدىن ھۇزۇرلىنىشى ؛
ئۆيى ئوغۇرلانسا خىيالىدا يوق ،
قولىغا تىكەن كىرسە پەريات قىلىشى ؛
ئەجەل پىچىقىنى ئىزدېگەن قويدەك ،
قۇشخانىغا ئۆزى كېتىپ قېلىشى ؛
بىباھا جېنىغا يەتكەندەو خەۋپ ،
ئەزرائىل ئالدىدا شەپقەت تىلىشى ؛
ئۆزىگە گۆر – كىپەن ھازىرلىغانلار ،
شەنىگە ساز چېلىپ ، ناخشا ئېيتىشى ؛
ئەگەر ئەيىۋىنى يۈزىگە سالساڭ ،
سېنىڭدىن بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىشى ؛
ئويلىسام قەلبىمدە يارا ئاچىدۇ ،
نەسىھەت قىلدىڭمۇ بىزار بولۇشى ؛
بىراق – زە ، ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ ،
بىر قېتىم بوۋاقتەك تاتلىق كۈلۈشى ؛
ئازادلىق مارشى
بىز ۋەتەننىڭ پەرزەنتى ،
ۋەتەن ئۈچۈن ياشايمىز .
نومۇسنى قوغداشقا ،
ئۆمرۈمىزنى ئاتايمىز .
نەقرات ْ يۇرت سۈتۈڭنى ئاقلايمىز ،
ساڭا مەھكۇم باقمايمىز.
نىشانىمىز ئازادلىق ،
ئۇنى تىلەپ ئالمايمىز .
ئۆلۈم ئەلا قۇللۇقتىن ،
دۈشمەنگە قۇل بولمايمىز .
نەقرات ْ يۇرتنى نۇرغا بۆلەيمىز ،
ياكى ئۆلۈپ تۈگەيمىز .
ئىلگىرىلەش بار ، قايتىش يوق ،
يا ئۆلۈم يا ئازادلىق .
ۋەتەن ياۋدىن قۇتۇلماي ،
بىزگە ھارام ھاياتلىق .
نەقرات ْ قولغا كەلمەي ئازادلىق ،
ياشنىمايدۇ ھاياتلىق .
بىزگە ئەجداد مىراسى ،
بەش مىڭ يىللىق دىيار بۇ .
ئازاد ياشاش مەڭگۈگە ،
مىللەت بەرگەن قارار بۇ .
نەقرات ْ ياشىساق ھۆر ياشايمىز ،
ھۆرلۈككە جان ئاتايمىز .
مەن سەندىن سېنى سورۇدۇم
ھەر دائىم،
مەن سەندىن سېنى سورۇدۇم،
بىلىمەن، دېدىڭ.
ھاياتىڭ بويى ،
مەن كىم ؟
ئۆزۈمنى بىر بىلەي دېمىدىڭ .
سەنمۇ بەئەينى ئاتاڭغا ئوخشاش ،
ھېچنېمە بىلمەيلا ئۆمۈر تۈگەتتىڭ .
بالىلىرىڭ قالدى .
ئۇ سەبى – مۇبارەكلەرگە
ۋەسيىتىڭ نېمە بولدى ؟
نېمە ئۆگەتتىڭ ؟
ئېسىت . . .
ئېسىت . . .
ئېسىت . . .
بىر قېتىم كەلدىڭ بۇ دۇنياغا ،
بىر قېتىم كەتتىڭ ؟
كەلدىڭ ئەمما ،
كەلمىگەندەك ،
ۋە ياكىدا كۆلەڭگۈدەك شەپىسىز كەچتىڭ .
بۇ ئالەمگە ،
كەلگىنىڭ ، كەتكىنىڭ ھەقىقەت بولسا ،
بالىلىرىڭنىڭ كۆز ياشلىرى سۇمىكىن ، دېمە ،
كەچۈرۈلمەس گۇنادا كەتتىڭ .
مۇھەببەتنى سورىغانلارغا
مۇھەببەت نېمە دەپ سورايسەن مەندىن؛
ئاچچىق ۋە تاتلىقنىڭ يۇغۇرۇلۇشى.
بەزىدە نەپەسنىڭ توختىشى ، بەزەن
يۈرەكنىڭ فونتاندەك ئوخچۇپ ئېتىشى .
بەزىدە ئۆزۈڭنى سىزىسەن كۆكتە ،
بۇ دېمەك بەختنىڭ قۇشتەك ئۇچىشى .
گاھ چاقسا قەلبىڭدە ھەسرەت چاقمىقى ،
كۆزۈڭدە كۆرۈلۈر يامغۇر يېغىشى .
بۇلارنى ھاياتتا ياشىمىغان يوق ،
مۇھەببەت ، سۆيگۈ ۋە ھېس تۇيغۇ ئىشى .
مۇھەببەت بولمىسا ياشنامتى دۇنيا ،
بولاتتى ھاياتنىڭ نورمال ئېقىشى .
سەۋەبى مۇھەببەت ، بىلسەڭ قۇياشنىڭ ،
سەھەردە چىقىشى ، ئاخشام پېتىشى .
كۆڭلۈم
ۋەتەن دەپ ۋەتەندىن ئايرىلىپ چىقتىم ،
بۇ يولغان مېنى سەن ئۈندىدىڭ كۆڭلۈم .
چىقتىم – يۇ ، ۋەتەنسىز ئۇ كۈندىن بېرى ،
ئەجىبا بىر قېتىم كۈلمىدىڭ كۆڭلۈم .
تاغلاردەك مۇشكىلات ئاستىدا قالدۇق ،
زەررىچە مەيۈسلۈك تۇيمىدىڭ كۆڭلۈم .
پۇتبولدەك تىپىشتى دوست – دۈشمەنلەر ،
مېنى ھېچ جاۋابكار كۆرمىدىڭ كۆڭلۈم .
بىراق – زە ، ھەر زامان سۇلغۇن ۋە مەيۈس ،
گۇناھسىز مەھبۇستەك سۈكۈت قىلىسەن .
سىلكىنسە تۈزۈشتىن قورققان چېچەكتەك ،
شەپىسىز ، تىۋىشسىز يەردە كېزىسەن .
كۆپەيگەن ياراڭنى كۆپەيتىپ يەنە ،
دەرد بىلەن ئۆزۈڭنى تىلغىما كۆڭلۈم .
ماتەملىك ئانىدەك تەنھا ئولتۇرۇپ ،
كېچە – يۇ - كۈندۈزى يىغلىما كۆڭلۈم .
قىزارغان گىردە . . .
كونا كوچىغا يېڭى كوچىلار ،
ئەسكى مەلىگە كۆركەم مەلىلەر ،
قوشۇلۇپ زورايدى بۇ بۈيۈك شەھەر .
كوچا ۋە يوللاردا موتور ساداسى ،
ماشىنىلار لۆمشۈپ ئاقىدۇ .
يىللاردىن بېرى ،
تەقدىرۇ – تەلەي ،
بۇ تاغلىق شەھەرگە مۈلۈپ باقىدۇ .
شەھەرنىڭ چېتىدە ،
خارابىلىقتا ،
ئەسكى تام تۈۋىدە بىرى ياتىدۇ .
ئۈچ كۈندى بېرى ،
بەزى ھۇشىدىن كېتىپ ،
بەزى ھۇشىغا كېلىۋاتىدۇ .
قىزىتمىسى گاھىدا چۈشۈپ ،
ۋەگاھىدا ئۆرلەۋاتىدۇ .
بۇ مەسۈم يىگىت ،
ھە ، ئۇنىڭ ئىسمىمۇ مەسۇم ،
بەلكى ،
ئۆيدىن ئۇزاقتا ئۆلۈۋاتىدۇ .
ئاستا – ئاستا ئېچىلدى كۆزى ،
مۆجىزىمۇ بۇ ،
ئېگىز قاپاق تېرەك ئۇچىدا ،
قىزىرىپ پىشقان ،
بىر گىردىنى كۆرۈۋاتىدۇ .
مەسۇم سۆيۈندى ،
تەبەسسۇم قىلىشقا ئىنتىلدى – يۇ ، ئۇ ،
ئەمما ھالى يەتمەيۋاتىدۇ .
ھالسىز – ھالسىز يۇمۇلدى كۆزى ،
قىزارغان گىردە ،
سۇدا شەپىسىز ئۈزگەن بىلىقتەك ،
ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ .
مەسۇم قۇياشنى ،
قىزىرىپ پىشقان ،
دۈگىلەك گىردە دەپ ساناۋاتىدۇ .
ئۇچتى بىرى بۇ شەھىت شەھەرنىڭ
بوۋىسىنىڭ يايلىقى ئىدى ،
تەكلىماكاننىڭ ئۇ بىر چېتىدىن ،
چۆل كىزىپ ،
تاغ ئېچىپ چىقىپ كېلىشى ،
ئۇنتۇلغان مىراسنىڭ تاماسىمىدى ؟
ئەسلا ۋە ئەسلا ،
ئۇنىڭ مەقسىتى ،
بېشىغا بالالار ئاختۇرۇش ئەمەس .
ئارزۇ – نىيىتى ،
پۇل تېپىش ئىدى ،
سۆيگەن ئايالى ،
ئىككى بالىسى – كۆز قارچۇقلىرىغا ،
گىردىنى تويغۇدەك يېگۈزۈش ئىدى .
ھەممىنىڭ كۆزىدە چۈنكى بۇ شەھەر ،
پۇلنىڭ بۇلىقى ،
ياكى بولمىسا ،
بۇ چەكسىز زېمىننىڭ قايمىقى ئىدى .
مەسۇمنىڭمۇ ھەم ،
بەخت يولىدا
ۋۇجۇدىدىكى جىسمانى كۈچى ،
ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بايلىقى ئىدى .
ئاھ ، ساددا مەسۇم ،
مەسۇم قەلب سەن .
ئۈرۈمچىدەك تاشلىق شەھەردە ،
باغرى تاشلاردىن ،
سېنىڭ ئۈچۈن ئىش چىقارمىدى ؟
ئۈچ كۈندىن بېرى ،
سۇ ئىچمىدىڭ ، يا نان يېمىدىڭ .
سېنى يوقلاپ ھېچكىم كەلمىدى .
ساڭا ھەمرا بولۇپ ،
ساڭا ئوخشاش سېنىڭ يېنىڭدا ،
ئاچ ۋە ئاغرىق ياتقان ئىشتىنى ،
دوختۇرلىرى ئېلىپ كېتىشتى .
بۇ ئىشلارنى ئەقلىڭ ئالمىدى ،
ئوي – پىكىرلىرىڭ ،
خۇددى چىگىش يىپتەك چىگىشتى ،
قىزارغان گىردە ،
ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ .
مەسۇم كۆزىنى ،
دۇنياغا تەكرار ئاچالماس بەلكىم ،
ئەمما بۇرنىغا ،
مىزىلىك پىشقان گىردىنىڭ ھىدى ،
گۇپۇلدەپ – گۇپۇلدەۈپ كېلىۋاتىدۇ .
ئاللاھ بېرەر بەلكى بىزدە يوقنى ئىستىسەك
باشلىرىمىز كىچىكلىدى ، قالدى تۇخۇمدەك ،
قوشاقلار گۈمبەز .
دۈشمەنلەرگە بولدى جەننەت يۇرتىمىز شۇڭا ،
بىزلەرگە قەپەس .
ئارىمىزدىن باشچى چىقسا بېشىنى ئىستەپ ،
قېلىچ بىلەيمىز .
يات قول بىزنى كاچاتلىسا سانايمىز شىپا ،
كۈلۈمسىرەيمىز .
مەسچىتلەردە بەسلىشىمىز مۇسۇلمانلىقتا ،
ئاللاھ قولىمىز .
تاشقىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئەمرى بۇ دەيمىز ،
كاپىر بولىمىز .
تارىخ دېسە سۆز ئاچىمىز ھوندىن – ئوغۇزدىن ،
قانات قاقىمىز .
بۈگۈن كىم سەن ؟ دەپ سورىسا جاۋاب يېرىگە ،
يەرگە پاتىمىز .
توي – نەزىرگە باغاق كەلسە پولو تەرەپكە ،
تولۇپ ئاقىمىز .
كوچىلاردا قول ئۇزاتقان يېتىم – يېسىرگە ،
تەتۈر باقىمىز .
ئۆلۈۋاتقان بىر قوشنىمىز ياردەم ئىستىسە ،
بانا تاپىمىز .
بەش تىيىنلىق پايدا كۆرسەك دوزاخ تەرەپتە ،
جاننى ئاتىمىز .
بىرسى بىزدىن بېيىپ كەتسە ئاللاھتىن ئاڭا ،
ئۆلۈم تىلەيمىز .
سۆزىمىزنى رەت قىلسا بىر پەرىشتىدەك قىز ،
ئۇ بۇزۇق دەيمىز .
پويىز – پويىز ماللىرىمىز كېتىۋاتىدۇ ،
خەۋرىمىز يوق .
بىر كۆچەتكە ئىككى قوشنا قان تۆكۈشىمىز ،
سەبرىمىز يوق .
نەردە ئىدۇق ، نەردە قالدۇق ، قانچە تال قالدۇق ،
بۇنى بىلەيلى .
ئاللاھ بېرەر بەلكى بىزدە يوقنى ئىستىسەك ،
ئەقىل تىلەيلى ْ
تۇرۇڭلار ! ئەي ، مىغىلدىغانلار
تۇرۇڭلار ! ئەي ، چۈمۈلىدەك مىغىلدىغانلار ،
ئىشلىدۇق دەپ سەھەر – ئاخشام قىمىلدىغانلار .
بىر – بىرىگە غەزەپلەنسە بۆرە مىسالى ،
خىتاي كۆرسە يۈرەكلىرى جىغىلدىغانلار .
ۋەتەن كەتتى ، ھوقۇق كەتتى ، ئازادلىق كەتتى ،
يرتىمىزدا نېمە بولسا ئالدى تۈگەتتى .
ئۇردى ، سوقتى ، دۈشكەللىدى كېچە – يۇ كۈندۈز ،
باش ئەگكەننى قورقاق ، يۈرەك كېسىلى ئەتتى .
يارىلىشتا ئەسلى ئادەم ئەمەسمىدۇق بىز ،
ئادەم بولساق ئادەمدەك كۈن كۆرمەسمىدۇق بىز .
بىزنى ھايۋان كۆرگەن ۋەھشى ھايۋانغا قارشى ،
شانىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئۆلمەسمىدۇق بىز .
بىزنى ، بىزنىڭ ھالىمىزنى دۇنيا بىلىدۇ ،
تەكتىمىزنى ، سانىمىزنى دۇنيا بىلىدۇ .
يۇرتىمىزنى ؛ تارىم ، جۇڭغار گاز دېڭىزى ۋە
نېفىت ئوكېپاتىمىزنى دۇنيا بىلىدۇ .
قولاي ئەمەس تەڭرى تاغنى چوكىدا قىسماق ،
قولاي ئەمەس تىرىكلەرنى تاۋىتتا تۇتماق .
كېسىلسىمۇ يىلتىزىدىن كۆكلەيدۇ ئورمان ،
قولاي ئەمەس چالا ئۆلۈك ئۇيغۇرنى يۇتماق .
بىزگە بىزدىن قاتىل تۇتتى ، چامدا توزاق ،
دېيىشىدۇ ، ئۇيغۇر ئۆمرى قالمىدى ئۇزاق .
يوقالمايمىز ، يوقاتمايمىز ھېچ نەرسىمىزنى ،
ياتسىلا بىزنىڭ مىللى روھىمىز بىراق .
تۇرۇڭلار ! ئەي چۈمۈلىدەك مىغىلدىغانلار ،
خىتاي كۆرسە يۈرەكلىرى جىغىلدىغانلار .
سىلەر ئۇنداق ھالسىز ئەمەس ، سىلەر دېگەندەك ،
روھىدىكى كۈچ – قۇدرەتنى تونىمىغانلار .
قىزارسۇن
سەن قىزارما ، سەن بىلەن يۈرمىگەنلەر قىزارسۇن ،
قېلىچىڭغا بىلەي تاش بەرمىگەنلەر قىزارسۇن .
ئۇلار ئۈچۈن تەر تۆكتۈڭ ، شەرپىگە قان تۆكتۈڭ ،
ئۆيى يانسا ئوتقا سۇ تۆكمىگەنلەر قىزارسۇن .
ۋەتىنىم دەپ ۋەتەننى گۆش شىلىغاندەك شىلىپ يەپ ،
ۋەتىنىنىڭ دەردىنى چەكمىگەنلەر قىزارسۇن .
شەھىتلەردىن بىزلەرگە ئامانەتتى يىتىم – تۇل ،
كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇلارنى كۆرمىگەنلەر قىزارسۇن .
كۆيۈۋاتسا بۈگۈنى ، كۈيۈۋاتسا كەلگۈسى ،
كۆرۈپ تۇرۇپ يۈرىكى كۆيمىگەنلەر قىزارسۇن .
جېنىڭ كۆردۇڭ ئۇلارنى ، شەرتسىز سۆيدۇڭ ئۇلارنى ،
ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى سۆيمىگەنلەر قىزارسۇن .
مىللىتىم دەپ كۆيگەننى ، ئاللاھىم دەپ ئۆلگەننى ،
سەبىر ئېتىپ ، نومۇستىن ئۆلمىگەنلەر قىزارسۇن .
كېلىدۇ
چوبانسىز پادىلار تارقاق كېلىدۇ ،
تارقاققا بالالار قات – قات كېلىدۇ .
بۈركۈتلەر قوغلانغاچ ماكانى تاغدىن ،
قاغىنىڭ شاتلىقى قاق – قاق كېلىدۇ .
بۇلبۇللار ئېلىنغاچ قەپەزگە باغدىن ،
پاقىنىڭ ناخشىسى غاق – غاق كېلىدۇ .
قەھرىمان نەسىللەر ئازايغاچ يۇرتتا ،
ئون ئەردىن توققۇزى قورقاق كېلىدۇ .
شۇڭلاشقا بۆرىنىڭ ئاچقاندا قارنى ،
كۆزىگە ھەر ئۇيغۇر ئوغلاق كېلىدۇ .
بىز خەقتىن ھالاۋەت سۈرمەك ئىستىگەن
ساپاسىز ئىنسانلار يالتاق كېلىدۇ .
ياراقسىز قالغاچقا پۈتكۈل ئاھالە ،
ئەقىللىق باشلارغا سىرتماق كېلىدۇ .
ئۆلمەكتىن پۈتمىگەن ئەلدىن ئېسىمگە ،
يىلتىزى ياشارغان توغراق كېلىدۇ .
ئانىلار ئۈستىدە ئاخىرقى ئۈمىد ،
ئۇلارنىڭ قولىدىن تۇغماق كېلىدۇ .
قان ئاقتى ، جان كەتتى ھەددى – ھېسابسىز ،
ئەھدىمىز بۇ ئېزىز تۇپراق كېلىدۇ .
بېرىلگەن بەدەلگە بىر كۈن ئاخىرى ،
ھاۋارەڭ ئاي – يۇلتۇز بايراق كېلىدۇ .
يېڭى بىر دۇنيا تۇغۇلۇۋاتىدۇ
يېڭى بىر دۇنيا تۇغۇلۇۋاتىدۇ ،
كۆرۈلمىگەن مۆجىزىلەر كۆرۈلۈۋاتىدۇ .
يىتىم – يىسىرلەرنىڭ قەلبىدە ئۈمىد ،
چىرايلىرى كۈلۈۋاتىدۇ .
يېڭى بىر دۇنيا تۇغۇلۇۋاتىدۇ ،
بىزنى كاچاتلاۋاتقانلارنىڭ يۈزىگە
كاچاتلار ئۇرۇلۇۋاتىدۇ .
شۇڭا كىلەڭسىز يەلماۋۇزلار ،
پەرىشان بولۇپ ئۈزۈلۈۋاتىدۇ .
يالغان كۈلۈشكە ئىنتىلىدۇ – يۇ ،
قاپاقلىرى تۇرۇلۇۋاتىدۇ .
يېڭى بىر دۇنيا تۇغۇلۇۋاتىدۇ ،
كونا خەرىتىلەرنى تەكرار سىزىشقا ،
گەرچەكتىن ئېھتىياج تۇغۇلۇۋاتىدۇ .
بۇ غايە ئۈچۈن ،
تەپەككۇرلار سۇرۇلۇۋاتىدۇ .
بەزىلەر سۈكۈتتە كۆرۈنىدۇ – يۇ ،
ھاۋاسىزلىقتىن ،
نەپەسلىرى بۇغۇلۇۋاتىدۇ .
بىراق ،
چۆچىرىنى مام سانىماق خاتا ،
چۈنكى ،
ھەر پەردىنىڭ ئارقىسىدا بىر مەخپى پىلان ،
مىڭبىر توزاق بىلەن قۇرۇلۇۋاتىدۇ .
كۆپۈنچە ھالدا ،
يېڭى بىنالار ،
ئەسكى تاملىق بۇزۇلۇپ قورۇرلىۋاتىدۇ .
دۇنيا – دەۋردىن ،
ھەتتا ئۇزىدىن ،
خەۋەرسىز ئەسكى تام تۈۋىدە ئۇخلىغانلارنى ،
ھەر زامان پاجىئە كۈتۈۋاتىدۇ .
يېڭى بىر دۇنيا قۇرۇلۇۋاتىدۇ ،
ئادالەت يېڭىدىن تۇغۇلۇۋاتىدۇ .
شۇنى بىلىڭلار ،
نېفىت دېڭىزى تەكلىماكاندا ،
يېڭى بىر بايراق ،
ئۇزاقتىن يېقىنلاپ كۆرۈنىۋاتىدۇ .
بوۋاق ئەمەس بايراقتۇر ئۇلار
قوللىرىمغا ئالدىم بوۋاقنى ،
يۈرىكىمدە ئەۋلاد سۆيگۈسى .
بىر يۇرت ئەمەس دۇنياغا بەدەل ،
ۋىلىق – ۋىلىق تاتلىق كۈلكىسى .
ئالتە ئايدۇر ئارزۇلىغىنىم ،
ئالتە ئايلىق بوۋاقنى كۆردۈم .
بوۋاقنىڭ كۆز قارچۇقلىرىدا ،
ئاي – يۇلتۇزلۇق بايراقنى كۆردۈم.
بايراق – بايراق ھۆرلۈك بەلگىسى ،
بولدى ئاڭا كۆپ جانلار پىدا .
جان بەرگەندە بايراق دەپ ئاتا ،
بوۋاق ئىدى ئانا قارنىدا .
ئۆلتۈرۈلدى ، ئۆلدى ئاتىلار ،
دېيىشتىلەر يوقالدى بايراق .
ئاي – يۇلتۇزلۇق بايراق ئەمەسمۇ ،
قولۇمدىكى بۇ سەبى بوۋاق .
بۇ ۋەتەنگە ئۇيغۇر ئانىلار ،
ھەر يىل يېڭى بايراق ئاتايدۇ .
بوۋاق ئەمەس ،
يىقىلغان بايراق
يەرلىرىگە بايراق قادايدۇ .
سىزنىڭ
دېدۇق ؛ باشقا خەلقلەر بىز ، دېدى ؛ يوق خەلقىڭىز سىزنىڭ
دېدۇق ؛ زەپمۇ زۇلۇم چەكتۇق ، دېدى ؛ بۇ بەختىڭىز سىزنىڭ .
دېدۇق ؛ بىزلەرمۇ سىزلەردەك يۇرت سورىساق بولۇپ كادىر ،
دېدى ؛ دېھقان بولۇپ ئۆتمەك شەرەپلىك كەسپىڭىز سىزنىڭ
دېدۇق ؛ ھېچ بولمىسا سىزدەك ئىشلەيلى زاۋۇتلاردا ،
دېدى ؛ تېخنىكۋىي ئىشقا يېتەرسىز ئەقلىڭىز سىزنىڭ .
دېدۇق ؛ سىزدەك ئېگىز بىنا ، يېڭى ماشىنا ئىستەيمىز ،
دېدى ؛ بىز يەپ ، سىز كۆشەيسىز بۇ ، بىزدىن پەرقىڭىز سىزنىڭ .
دېدۇق ؛ خار كۆرمە ، دۇنيادا ياشايلى بىزمۇ ئىنساندەك ،
دېدى ؛ سىزلەرگە جەننەت بار ، ئۇ دۇنيا ئەتىڭىز سىزنىڭ .
دېدۇق ؛ يەكلەپ ، ئۇگەيلەيسىز ، ھوقۇق ۋە ھەققىمىز نەدە ؟
دېدى ؛ بىزلەرگە بويسۇنماق مۇقەددەس ھەققىڭىز سىزنىڭ .
دېدۇق ؛ بۇنداق كېتىۋەرسە بۇ مىللەت پارتلىغاي بىر كۈن ،
دېدى ؛ بىر پۇھ بىلەن ئۆچكەن كۆپۈكتۇر قەھرىڭىز سىزنىڭ .
دېدۇق ؛ بۇ يۇرت – ۋەتەن بىزنىڭ ياشارتقان نەسلىمىز بىزنىڭ
دېدى ؛ بىز قان تۆكۈپ ئالدۇق ، يوقالدى ھەققىڭىز سىزنىڭ .
دېدۇق ؛ كۈن تۇغىدۇ ئاخىر ، كېچە قانچە ئۇزاق بولسۇن ،
دېدى ؛ باش تارتسىڭىز پۈتكۈل تۈگەيدۇ نەسلىڭىز سىزنىڭ .
دېدۇق ؛ بىزنى سىلاپ – سىپاپ ۋە ياكى قورقۇتۇپ قىيناپ ،
تۇتۇپ قوي قوزىسىدەك يەپ تۈگەتمەك قەستىڭىز سىزنىڭ .
دېدى ؛ مىلياردلىغان كۆزلەر بېقىپ تۇرغاچقا سىز ، بىزگە ،
شۇڭا بىردىن يۇتالمايمىز ، بۇ دۇنيا سەھنىڭىز سىزنىڭ .
|