|
ئابدۇررەشىد ھاجى كېرىمى
قارا
جۈلدىكى جەڭ
شەرقىي تۇركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى، قەشقەر بىيوروسىنىڭ باش
سىكرىتارى مەرھۇم قۇماندان ئاخۇنوپ ۋە سەپداشلىرىمنى ئەسلەيمەن.
―
ئاپتور
ئاپتۇردىن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
سىز
ئوقۇۋاتقان «قارا جۈلدىكى جەڭ» ناملىق بۇ كىتاب، شەرقىي تۈركىستان خەلق
ئىنقىلابىي پارتىيىسى، قەشقەر بىيوروسىنىڭ باش سىكرىتارى ئاخۇنوپ ۋە
سەپداشلىرىمنىڭ قەشقەردە ئېلىپ بارغان قوراللىق قوزغىلىڭىدىن ئەسلىمىلەر
بولۇپ، ۋەقە 1969 - يىلى 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم
ئوبلاستى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ قارا جۈل يېزىسىدا يۈز بەرگەن، مەن شۇ
ۋەقەلىكنىڭ بىردىنبىر ھايات شاھىدى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەقەلىكنىڭ خىتاي
دائىرىلىرى تەرىپىدىن پاش بولۇپ، ئەينى زاماندا دېلولاشتۇرۇلغان قىسمىنىلا
يېزىپ ھۇزۇرىڭىزلارغا سۇندۇم.
بۇ
كىتابنىڭ نەشىردىن چىقىشىغا ۋە ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئامېرىكا
كونگىرىسىغا تاپشۇرماقچى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ئانىسى، شەرقىي
تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە يولباشچىسى رابىيە
قادىر خانىمغا ۋە ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك سەپدىشى، ئۇستازىمىز سىدىق ھاجى روزىغا
كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
قەشقەر ھۆكۈمەت ئۇچۇر توربېتىنىڭ «قەشقەر تارىخىدىكى مۇھىم چوڭ
ئىشلارخاتىرىسى» سەھىپىسىدە مۇنداق يېزىلغان: (تور بېتى خىتايچە بولۇپ،
ئۇيغۇرچىسى يوق)
تەرجىمىسى:
1969
- يىل 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى «شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى»
نىڭ قەشقەر شۆبىسى ئاتالمىش مەركىزى بيوروسىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، ئۇزۇن
مۇددەت ئىنچىكە پىلانلاش ئارقىلىق ئاخۇنوپنىڭ يېتەكچىلىكىدە شۇ كېچىسى بىر
تۈركۈم ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ئاممىنى ئەتراپىغا توپلاپ، زور
مىقداردىكى قورال ـ ياراق، ئوق – دورىلارنى ئېلىپ، ئىككى ماشىنىغا ئولتۇرۇپ
ئايرىم – ئايرىم ھالدا مەكىت ۋە قەشقەردىن يولغا چىقىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى
چېگرىسىغا يېقىنلىشىپ، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ،
ئەكسىلئىنقىلابىي تايانچى پونكىت قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى
ئېلان قىلماقچى بولغان. 2 - كۈنى ئاتۇشنىڭ سۇغۇنچازا دېگەن يېرىگە يېتىپ
كەلگەندە ئارمىيىمىز خەۋەر تېپىپ، قوراللىق قورشاپ يوقىتىش جېڭىنى ئېلىپ
بېرىپ، كۆپ بەدەل تۆلەپ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇندىن بېرى سۈيقەست بىلەن شۇغۇللىنىپ،
ئىنچىكلىك بىلەن پۇختا پىلانلىغان ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق توپىلىڭىنى
تارمار قىلىپ جاھاننى تىنچلاندۇرىۋالغان ئىدى».
ئەسلىسى:
8月20日“东突厥斯坦人民革命党”(简称“东突党”)南疆分局接受
“东突党”所谓“中央
”的指示,经过精心策划,在阿洪诺夫的带领下,当天晚上,裹胁了一部分不明真相的众
,携带大批武器、弹药乘两辆汽车,分别从喀什市和麦盖提县城出发,企图向苏联靠近,求
得
苏联支持,建立反革命根据地,宣布独立。第二天行至阿图什苏洪卡附近,被我闻讯赶来的
人民武装围歼平息,付出了代价,粉碎了这起预谋已久、精心策划的反革命武装暴乱。
كىرىش سۆز
«قارا جۈلدىكى جەڭ» ناملىق بۇ كىتاب قولىڭىزغا چىقتى......
ھاياتلىق - ماماتلىق ئوتتۇرسىدا تۇرمۇش بولىدۇ.....
تۇرمۇشنى كىم تەشكىللەيدۇ، ئۇيغۇرنىڭ مىللى تۇرمۇشىنى خىتاي تېجىمەللىرى
تەشكىللەمدۇ ياكى ئۇيغۇرلار ئۆزى تەشكىللەمدۇ؟ تۇرمۇشنى كىم تەشكىللەيدۇ،
شەخس!
ئائىلىۋيى تۇرمۇشنى شەخسلەر ئۆزلىرى تەشكىللىشى مۈمكىن. ئۇنداقتا
مىللەتنىڭ مىللىي تۇرمۇشىنى كىم تەشكىللەيدۇ؟ شەخسنىڭ تۇرمۇشى، مىللەتنىڭ
تۇرمۇشىمۇ شۇنداق تەشكىللىنىشى مۈمكىن. مىللىتىم «ساپ بولسۇن دېسەڭ، ئىشنى
ئاۋۋال ئائىلىدىن باشلا» دېگەن، ئەقلىيەنىڭ مەنىسى شۇ بولسا كېرەك.
مۇبادا مىللىي تۇرمۇشنىڭ تەشكىللىنىشى غايىۋى بولمىسا، يەنى كۆڭۈلدىكىدەك
بولمىسا، مىللىي تۇرمۇشنىڭ تەشكىللىنىشى مىللەتنىڭ ئارزۇ تەلەپلىرىگە،
ئارزۇ تەلەپلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياراتقۇچى ئەنئەنىۋىي ئادەتلىرىگە ئۇيغۇن
بولمىسا، بولۇپمۇ مىللەتنىڭ دىنى، ئالەم قاراشلىرىغا ئۇيغۇن بولمىسا،
تەشكىللىنىشتىن يىراقلاشقان مىللەتنىڭ ھاياتلىق قۇرۇلمىسىمۇ چېچىلاڭغۇ،
ئىپتىدائىي ھالەتتە قېلىۋىرىدۇ. باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئائىلىۋىي
تۇرمۇشنىڭ تەشكىللىنىشىمۇ ئەمەلىيەتتە مىللىي تۇرمۇشنىڭ تەشكىللىنىشىگە
باغلىق بولۇپ كەلگەن.
مىللى تۇرمۇشنى تەشكىللەش كۈچكە باغلىق بولىدۇ، كۈچ دېگەن نېمە؟ دۆلەت
ھاكىمىيىتى ئەمەسمۇ؟ مىللەتنىڭ مەنىۋىي كۈچى، ماددىي كۈچى، قوراللىق كۈچى
دۆلەتنى تەشكىللەيدىغان كۈچ بولۇشى كېرەك. قېنى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداق كۈچى،
كۈچ دېگەن ― ھوقۇق دېگەنلىكتۇر. كۈچ بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ. كۈچ مىللىي
مەنپەئەتكە باغلىنىپ تۇرۇشى كېرەك. مىللى مەنپەئەت كۈچكە كاپالەت بەرگەندە،
كۈچ بىلەن مىللىي مەنپەئەتنىڭ بىرلىكى بۇ ھەقىقىي مەنىدە مىللەتنىڭ ھوقۇقى
بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ھوقۇق مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغاندا
ئاندىن مىللىي تۇرمۇشنى قانداق تەشكىللەش توغرىسىدا ئېغىز ئېچىشقا بولىدۇ.
تارىختا ئۇيغۇرلار قۇرغان دۆلەتلەر ھوقۇقنىڭ ئالاھىدە شەكلى، يەنى دۆلەت
ھوقۇقىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بولغان ئىدى. ئۇيغۇرلار كۈچ تەييارلىغان،
مىللى مەپەئەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلالىغان، مىللى مەنپەئەتنى، مىللى
مەۋجۇتلۇقنى كۈچ بىلەن مەنپەئەتنىڭ بىرلىكىدە روياپقا چېقىرالىغان ئىدى.
قېنى! قېنى، ئۇيغۇرلار قۇرغان دۆلەتلەر؟ بىر دۆلەتنىڭ يىمىرىلىشى، مەنىۋىي
تۇرمۇش زەئىپلەشكەندە، ئەخلاق تۈگەشكەندە، نومۇسسىزلىق كۆتۈرۈلگەندە يۈز
بېرىدىغان ھادىسىدۇر. شۇنداق زەئىپلىشىشنى، شۇنداق تۈگىشىشنى تارىخىمىزنىڭ
قايسى دەۋرلىرىدىن ئىزدىسەك بولار؟
سەلتەنەت تىكلىگەن پادىشاھلىرىمىز بولغان ئىدى. پادىشاھ بىلەن پۇقرالار
ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك تالاش – تارتىشلارنى ھە نېمە دېسەڭمۇ
بىر ئۇقۇمغىلا ― «ئادالەت» دېگەن ئۇقۇمغىلا مەرگەزلەشتۈرۈشكە بولاتتى. بىر
تەرەپلىمىلىك قاراشلار، ئادالەتنىڭ ساداسىنى بۇرۇختۇم ھالەتكە كەلتۈرۈپ
قويغان چاغدا، «ئادالەت»نىڭ ساداسى ھېچ قانداق ئىككىلەنمەستىن بىزگە:
جەمئىيەت شۇنىڭ ئۈچۈن پادىشاھ ياكى رەئىس جۇمھۇر سايلايدۇكى ياكى جەمئىيەت
بىر خىل سىياسى ھاكىمىيەتكە شۇنىڭ ئۈچۈن بويسۇنۇدۇكى، شۇ يەردە شۇنداق
نەرسىگە ئېرىشىشنى، ئۇنىڭغىمۇ ئېرىشكىلى بولمايدىغان شۇنداق نەرسە ― ھوقۇق
بىلەن مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلاتتى، دەپ ئېيتىپ بەرگەن. ساغلام
ئەقىل – پاراسەت يۇقىرى ئاۋازدا بىزگە قايتا – قايتا نەسىھەت قىلىپ:
ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزىدىن باشقا بىر مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۆزىنىڭ
مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىپ بېرىش بەدىلىگە، خاتىرجەم ھاياتقا ئېرىشىشنى
ئۈمىد قىلمايدۇ، ھەققانىيەتسىز كۈچلەر خەلقنىڭ بوينىغا زەنجىر تاشلىغاندا،
ئىنسان تەبىئىتى بۇنداق زۇلۇمغا بەرداشلىق بېرەلمىگەندە، تەبىئەتنىڭ ساداسى
ئۈزلۈكسىز ئىنكاس قايتۇرىدۇ، دېگەنتى.
خەلقنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتمىگەن ھوقۇق قانۇنسىز بولىدۇ. ئىنسان، ئىنسان
تەبىئىتىگە مۇۋاپىق قانۇنغا بويسۇنۇپ ياشىغاندا ئەلۋەتتە بەختلىك تۇرمۇشتىن
ۋاز كەچمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن زۇلۇم ۋە ئىكىسپىلاتاتسىيە قانداق شەكىلدە
ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسان ۋە جەمئىيەت زۇلۇم ۋە
ئىسكەنجىلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. مىللەت دۆلەت رەھبىرىگە بەرگەن
ھوقۇقنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا ھوقۇقلۇق بولاتتى. زوراۋانلارنىڭ ھۆكۇمرانلىقىغا
زوراۋانلىق بىلەن قارشى تۇرۇشقا ھوقۇقلۇق بولاتتى.
ھۆكۈمرانلار، خەلقنىڭ ئىرادىسى ھۆكۈمرانلارغا بەلگىلەپ بەرگەن چەكتىن
ھالقىپ كەتكەندە، ئالىي ھۆكۈمران ھەتتا بىر ئادەمنىڭ بولسىمۇ بارلىق
ھۆكۈمران تەبىقىلىرىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشنى كەلتۈرۈپ چېقارغاندىن باشقا
ئاقىۋەتلىرىنى تەسەۋۋور قىلغىلى بولمايتتى. ئۇنداق ھاكىمىيەت پۇقرالارغا
بېسىم ئىشلىتىپلا مەۋجۇد بولۇپ تۇرالايتتي. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز بېشىچە
زوراۋانلىق قىلىدىغان، چەكلەشتىن خالىي بولغان ھوقۇق تەبىئەتكە ھەمدە
ئىنسان تەبىئىتىگە خىلاپ ھوقۇق ئىدى. بۇ خىل ھوقۇق ھۆكۈمراننى ياكى
ھۆكۈمراننىڭ «ئىناۋېتى» نى ساقلاپ قالالمايتتى ياكى پۇقرالارنىڭ ئاسايىش
تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدىغان ھوقۇق ھېسابلىناتتى. شۇڭا
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق ھوقۇققا بويسۇنۇشىنى ياكى بۇنداق ھوقۇقنىڭ مەۋجۇد
بولۇپ تۇرۇشىغا قوشۇلىشىشىنى تەلەپ قىلىش تەسەۋۋور قىلغىلى بولمايدىغان بىر
ئىش ئىدى. ئەگەر ئۇيغۇرلار ئەقىل – پاراسەتنى يوقىتىپ قويمىغانلا بولسا،
ئۆزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان تىجمەل، يومۇلاندى، ئەپكەشچى، شەرقىي
جەنۇبىي ئاسىيانىڭ كىسەل كۆرپىسى، ھازىرقىي غەرب دۇنياسىنىڭ ئەخلەت ساندۇقى
بولۇپ قالغان خىتاي مىللىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىگە باش
قاتۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى قانۇنسىز ئىدى. چۈنكى
خىتاي بۇ مىللەتنىڭ ئىرادىسىگە قارشى تۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ئەمەس ئىدى.
زوراۋانلىققا، تاجاۋوزچىلىققا تايىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نىگىزلىك،
مۇقەددەس، تارتىپ ئېلىشقا بولمايدىغان ھوقۇقلىرىنى تارتىپ ئېلىش زوراۋان
سىياسىتى ياكى ئولگارخىيىلىك سىياسەتنىڭ ئۆزىلا بولاتتى ھەم شۇنداق بولدى.
بۇنداق ھۆكۈمەت ھۆكۈمەت ھېسابلانمايتتى، ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلەتكۈچى،
ھوقۇقنى يالىڭاچ ئىشلەتكۈچى، ھوقۇقنى ۋارىۋارا خىتاي مىللەتچىلىكى بىلەن
بىرلەشتۈرگۈچى قاراقچى ياكى بۇلاڭچى گورۇھلارنىڭ چېچىلاڭغۇ تەشكىلاتى
ھېسابلىناتتى.
چەكسىز ھوقۇقنى مەيلىگە قويىۋېتىش ئۈچۈن چەكسىز ئەقىل – پاراسەت بولۇشى
لازىم ئىدى. بىراق، ھەممىمىزگە مەلۇم خىتايدىن ئىبارەت بۇ مىللەتنىڭ ئەقلى
چەكلىك ئىدى. ئادىمى تەبىئىتى يوق خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ھىلىگەر
دانىشمەنلىرىمۇ مەنپەئەتپەرەست شەخسىيەتچى، پارىخور دانىشمەنلەر بولغاچقا،
ياۋۇز ھۆكۈمەتكە، رەھبەرگە يانتاياق بولۇپ بېرەتتى. ئەقىل كۆرسىتەتتى. شۇڭا
خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زېمىنىدا تىكلىگەن مىللىي مۇستەملىكە
ھۆكۈمرانلىقىنى چەكلەشكە توغرا كەلگەنتى.
ئۇيغۇرلار 33 - يىلى قولىغا قورال ئالدى. ئۇيغۇرلار 44 - يىلى قوراللىق
سەپلىرىنى تۈزدى، 50 - يىلى قولىغا قورال ئالدى. 62 - يىلى قولىغا قورال
ئالدى. نىېمىشقىدۇر، ئىلى خەلقى قولىدىكى قورالنى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ
ئۆگزىسىگە تاشلىۋەتتى. ئۇيغۇرلار 69 - يىلى 8 - ئايدا قولىغا قورال ئالدى،
ئىشلەتتى. ئۇيغۇرلار قوراللىق زورلۇق – زومبۇلۇق قىلغۇچى خىتايلارنىڭ ―
سىتەملىك مىللىي ھۆكۈمرانلىقىغا قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى
تونۇپ يەتكەن ئىدى.
ئاخۇنوپ قەشقەردە 69 - يىلى 8 - ئايدا پارتلاتقان قوراللىق كۆرەشنىڭ
سىياسىي ۋە ھەربىي قۇماندانى ئىدى. باھادىر مىجىت قوراللىق كۆرەشنىڭ
ئاتامانى ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن قادىر، خەيرۇللاھ ئەپەندى قاتارلىقلار
قۇماندان ئىدى، ئاتامانى ئىدى، رەھبىرى ئىدى. قولىڭىزدىكى بۇ كىتابنى
يازغۇچى ئابدۇرەشىد ھاجىم ھەم قوراللىق كۈرەشكە تەشكىللىگۈچى رەھبەرلەرنىڭ
بىرسى ئىدى. بۇ كىشىلەر ئىرادىلىك كۈچ بولۇپ ئۇيۇشۇپ، زەرەپشان پولكىنى
تەشكىللىگەن. نېمە دېگەن چىرايلىق ئىسىم! نىمە دېگەن جەڭگىۋار پولك؟!
قارا
جۈلدە جەڭ بولدى.... ئۇيغۇر خەلقى پاراغەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتاتتى....
خىتاينىڭ كۆچمەن پۇقرالىرى خىتايچە جىڭموما پۇشۇرۇپ ئۇيغۇر قوراللىق
كۈچلىرىنى باستۇرۇشقا كېتىۋاتقان مۇستەملىكىچى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ
يانچۇقىغا سېلىپ قوياتتى. ئالامان ئۇيغۇر پۇقرالىرى ئۇخلاۋاتاتتى.... شۇڭا
جەڭگىۋار سەپلەر تولۇقلىنىپ تۇرمىدى، نىمە ئۈچۈن؟! دەپ سوئال قويالمايمەن.
ئۇيغۇر ئەركەكلىرى ئاتتى..... ئاتتى.... تەڭ كېلەلمىدى.... نۇرغۇن خىتاي
ئەسكەرلىرىنى يەر چىشلەتتى.... ئەركەك ئورنىدىن دەس تۇردى ئاتتى...
ئەركەككە ئوق تەگدى.......
―
ئۇيغۇرستان! ۋەتىنىم، دېگەن تىلىمغا ئات! خىتاي تىجەمەللىرى! تىلىم ئارام
تاپسۇن.......!
―
ئۇيغۇرستان! ۋەتىنىم، دېگەن، ئۇيغۇر ― خەلقىم، مۇستەقىللىق ― ئالى نىشانىم،
دېگەن يۈرىكىمگە ئات! خىتاي تىجمەللىرى! يۈرىكىم ئارام تاپسۇن.......!
―
ئىھ ئاللاھ! دۈشمەنگە ئالدىمنى قىلدۇرغىن! ئوق مەيدەمدىن تەگسۇن....! ئوق
ئارقامدىن تېگىپ قالمىسۇن؟! ئەركەك، ئەركەكتەك يېقىلدى.......
شېھىدلەرنى ئەسلەش بەك ئېغىر. بەك ئېغىر.... ئۇنتۇپ كېتىش ئۇنىڭدىنمۇ
ئېغىر......!
چېخ
يازغۇچىسى مىلان كوندىرا: «دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتسىزم ئوتتۇرسىدىكى
كۈرەش، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئەسلەش بىلەن ئۇنتۇش ئوتتۇرسىدىكى
كۈرەشتۇر» دېگەن ئىدى.
سىدىق ھاجى روزى
بىرىنچى باپ
مەدەنىيەت ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستاندا
1966
- يىلى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى باشلانغان، «تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن
پۇرۇلتارىيات مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ۋەتىنىمىز خەلقىگە تۈگىمەس
بالايىئاپەت ۋە ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان زور زىيانلارنى ئېلىپ
كەلگەن ئىدى.
بېيجىڭدا باشلانغان بۇ بالايىئاپەت ئىنقىلاب، دىڭتۇ، ئۇخەن، لىياۋ مۇسا
دېگەنلەرنى پىپەن قىلىشتىن باشلانغان بولۇپ، ئۇلار ماۋزېدوڭ مۇستەبىت
زوراۋانلىق ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۋىتىش ئۈچۈن، قەلەم بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ،
ماۋزېدوڭنىڭ رەزىل ئەپت – بەشىرەسىنى ئېچىپ تاشلىيالىغان ئىدى. گېزىت،
ژۇرناللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەدەبىي تىل بىلەن ھەدەپ ماۋزېدوڭنى مەسخىرە
قىلىپ ماقالىلار ئېلان قىلىشقا باشلىغان ئىدى. لىيۇ شاۋچى، دىڭشىياۋ پىڭ،
تاۋجۇلار بولسا، ھاكىمىيەتنى ئىچكى جەھەتتە ئاساسى جەھەتتىن قولغا كىرگۈزۈپ
بولغان ئىدى، لىڭشىپ قالغان ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغان
ماۋزېدوڭ، دىڭتۇ، ئۇخەن، لىياۋ مۇسالارنى پىپەن قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرىنى
تازىلاش نامى بىلەن، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنى باشلاپ، لىيۇ شاۋچى،
دىڭشىياۋ پىڭ، تاۋجۇلارنى يوقىتىشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان ئىدى. بېيجىڭدا
ئەۋج ئالغان بۇ ئۈچ قارا يىپنى ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرىنى تازىلاش شامىلى
ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەندىن كېيىن، ئاتاقلىق يازغۇچى، شائىر،
ئەدىبلەر، دىرامما تۈرگلەر، كومپۇزىتۇر، سازەندىلەر ھەمدە شەرقىي تۈركىستان
مىللىي ئارمىيىسىدە ئىشلىگەن پىشىقەدەم ئۇستاز ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن
كىشىلىرىمىز ھەدەپ بىر - بىرلەپ تارتىپ چېقىرىلىپ، ئالدى – كەينىگە تۆھمەت
قىلىنغان قانداقتۇر، «بۇزۇق ئۇنسۇز، يەرلىك مىللەتچى، گومىنداڭنىڭ ئەشەددى
ئۆزگەرمەس قالدۇقى، پۇمېشچىك ئۇنسۇر، چەت ئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر، سىنىپى
يات ئۇنسۇر، سوۋېت شىيۇجېڭجۇيىچى ئۇنسۇر....» دېگەندەك بەتناملار يېزىلغان
شالدۇرۇقنى كىيدۈرۈپ، كوچا ئايلاندۇرۇپ، ھەر دوقمۇشتا سۆرەپ سازايى قىلىنىپ
پىپەن قىلىنىشقا باشلانغان ئىدى........ بۇ ھەرىكەتلەرنى ئەقلى ھۇشى جايىدا
بولمىغان، ھەر قايسى ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ «قىزىل قوغدىغۇچى» دەپ
ئاتالغان بىر توپ شۇمتەكلىرى باشلامچى بولۇپ ئېلىپ باراتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ
بۇ ھەرىكىتىنى يەنىلا ماۋزېدوڭ ئۆزى باشلاپ بەرگەن ئىدى. دەسلەپكى قەدەمدە
1966 - يىلى ماۋزېدوڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن نىيۇەنزى
باشلىق يەتتە ئوقۇغۇچىنى «قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى» قىلىپ قوبۇل قىلىپ
ئۇلارنى پارتىيە ئىچىدىكى كاپىتالىزم يولىغا قاراپ ماڭغان ھوقۇقدارلارغا
قارشى كۇرەشكە ئاتلىنىشقا كۈشكۈرتتى، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى
قەدەمدە جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا تازا ئېرىشەلمىگىنىنى سەزگەن قاقۋاش
ماۋزېدوڭ «ئەزرائىللارنى يوقىتىپ شا كىچىكلەرنى قۇتغۇزايلى» دېگەن شۇئارنى
ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىن ئۇلاپلا ئۆز قولى بىلەن 1966 - يىلى 5 - ئاينىڭ
19 - كۈنى «سىلىڭبۇنى توپقا تۇتايلى» دېگەن چوڭ خەتلىك گېزىتنى كوچىلارغا
چاپلاپ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى ئوقۇغۇچىلاردىن باشلىۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭ
بىلەن ئەس ھۇشىنى بىلمىگەن بۇ ئوقۇغۇچىلار ئارقا – ئارقىدىن كۆتۈرۈلۈپ
چىقىپ ئالەمنى مالەم قىلىشقا باشلىدى ھەمدە ھەرىكەتنىڭ يۆنىلىشى
ئاپئاشكارا لىيۇ شاۋچى، دىڭشىياۋ پىڭ ۋە تاۋجۇلارغا قارىتىلدى.
كىتاب كۆيدۈرۈش
مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ھەرىكەت مىزانى بولغان «16 ماددا»
ماۋ تەرىپىدىن، 1966 – يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن،
ھەرىكەتنىڭ مۇھىم نوقتىسى: «پارتىيە ئىچىدىكى كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان
ھوقۇقدارلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىش، تۆت كونىنى بۇزۇپ، تۆت يېڭىنى تىكلەش....»
دەپ بىكىتىلگەن ئىدى. ماۋزېدوڭ ئېلان قىلغان 16 ماددىنىڭ روھىنى ئىزچىل
ئىجرا قىلىش مەقسىتىدە، بۇ شۇمتەكلەر يەنىلا ئەسەبىيلىك بىلەن يۈگرەپ
چىقىپ، ئۆيمۇ ئۆي، مەھەللىمۇ مەھەللە، يېزىمۇ يېزا چېپىپ يۈرۈپ، قۇرئان
كىرىم، ھەدىس كىتابلار، كونا قول يازمىلار، ئاسارە ـ ئەتىقە تۈسۈنى ئالغان
قىممەت باھالىق مىراس كىتابلارنى قارا – قويۇق يىغىپ كۆيدۈرۈشكە باشلىدى،
بۇنىڭغا ئەگىشىپ مەھەللە – مەھەللە، كوچىمۇ كوچا، ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدىكى ۋە
كېلىش - بېرىش قىلىدىغان تونۇشلىرىنىڭ ئۆيىدىكى كىتابلارنى قويماي يىغىپ
كۆيدۈرۈشكە باشلىدى، ئۆزلىرىنىڭ ماۋزېدوڭغا ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابىغا
بولغان «ساداقەتمەنلىكى»نى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، يىراق يېزىلاردىن ئېلىپ كەلگەن
كىتابلارنى ھېيتكار مەسجىدىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ خەلقى ئالەم ئالدىدا
ئاشكارا كۆيدۈرۈشكەن ئىدى، كۆيىۋاتقان كىتابلارنىڭ ئوت يالقۇنى ئاسمان
پەلەك كۆتۈرلمەكتە ئىدى. ئىسىت!!! ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كىرىم،
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىس كىتابلىرى!!! نى ـ نى ئېسىل كىتابلار، قول يازمىلار
ئوتتا سورۇلماقتا ئىدى.....
بىزنىڭ شۇ زامانلاردا بىلىشىمىزچە، دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك بولغان تەقۋادار
مۇسۇلمانلار بىلەن يىراقنى كۆرەلەيدىغان سەزگۈر بىلىم ئىگىلىرىدىن باشقا
كىشىلەر بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىپ ئۆز ئۆيىدىكى كىتابلارنى قورقۇپ
تاپشۇرۇشقان ئىكەن، ھەتتا بەزى ئائىلىلەردە، ئېرى خوتۇنىغا، خوتۇنى ئېرىغا،
بالىلىرى ئاتا ـ ئانىسىغا بىلدۈرمەي كىتابلىرىنى تاپشۇرۇشقان ئىكەن.
بولۇپمۇ مەكتەپلەردە بۇ ئىش ناھايىتى ئېغىر ئەۋج ئالغان ئىدى....
كېيىنكى ۋاقىتلاردا، قەشقەردىكى داڭدار كىتابپۇرۇش، دوستۇم ئەسقەرجاننىڭ
دادىسى مەرھۇم ئەمەتخان ئاكىمىزنىڭ دېيىشىچە، ئۇ كىشى ئۆز ئۆيىدىكى
كىتابلارنىڭ يوقىلىشىدىن قورقۇپ يېزىدىكى بىر تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە بىر قانچە
كىتابنى يوشۇرۇپ ساقلىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. يەنە شۇنداق
كىشىلەردىن بىر قانچىسى بىلەن كېيىن ھەمسۆھبەتتە بولغان ئىدىم.
مەسجىد چېقىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش
«تۆت
كونىنى بۇزۇش» نىقابى بىلەن، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە
ناھىيىلىرىدىكى مەسجىدلەر قارا - قويۇق ئۇرۇپ چېقىلىشقا باشلانغان ئىدى،
مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە، 1966 - يىلى 8 – ئاينىڭ 18 – كۈنى قەشقەر سىپەن
مەكتىپىنىڭ ھەسەن ئەمەت باشچىلىقىدىكى بىر توپ قىزىل قوغدىغۇچىلىرى بىلەن
يېزا ئىگلىك تىخنىكۇمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھېيتكار مەسجىدىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ،
گۈمبەزنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدىكى قۇببىنى (ئاي يۇلدۇز بەلگە) ئۇرۇپ چېقىپ
چۈشۈرىۋەتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن مەسجىدنىڭ سول تەرىپىدىكى مۇنارنىڭ ئۈستىگە
چىقىپ، ئارغامچا بىلەن سالغا قىلىپ، قۇببىنى تارتىپ چاقماقچى بولدى، بىر
بۆلىكى مەسجىدنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى مۇنارغا سالغا تاشلاپ تارتىپ يىقىتىپ
چاقماقچى بولدى، ھېيىتكار مەيدانىدا قاراپ تۇرغان مىڭلارچە كۆز، قىيا ـ
چىيا بىلەن يىغلاپ، كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ، ئاللاھقا نالە قىلىپ، دۇرۇت
ئوقۇپ،..... تەۋبە قىلىپ بۇ نېمە ئىش! دەپ ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇ
شۇمتەكلەرگە نەپرەت كۆزى بىلەن قاراشماقتا ئىدى، ئەپسۇس ھېچكىم بۇ ئىشقا
بىر نېمە دېيەلمەيتتى. كىم بىر نېمە دېسە، مەدەنىيەت ئىنقىلابىغا قارشى
چىققانلار قاتارىدا ئېغىر جازالىناتتى. ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قارشى
تۇرغۇچى دەپ باستۇرۇلاتتى. چۈنكى «قىزىل قوغدىغۇچى» ئوقۇغۇچىلار، ماۋزېدوڭ
ھاكىمىيىتىنى ساقلاۋاتقان بىرىنچى كۈچ ئىدى. ماۋزېدوڭ ئۇلارنى تىيەنئەنمىن
مەيدانىدا قوبۇل قىلىپ ئۇلارنىڭ نوخۇنىسىنى بەكمۇ ئۆستۈرىۋەتكەن ئىدى، شۇ
ۋەجدىن ھېچ كىم ئوقۇغۇچىلارغا ئاسانلىقچە بىر نېمە دېيەلمەيتتى. بىردەمدىن
كېيىن مەلۇم ئەقىللىق، سىياسەت بىلىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن، دىۋىينىڭ 2 -
شۇجىسى بەييۇەنشىڭ، بىرلىك سەپ بۆلۈم باشلىقى جاڭبۇجاڭنى باشلاپ كەلدى.
جاڭبۇجاڭ: «ھېيتكار مەسجىدى ئاپتونوم رايون بويىچە نوختىلىق قوغدىلىدىغان
مەسجىد، ئۇنى چېقىشقا بولمايدۇ، بۇ ھەقتە جوڭياڭنىڭ ھۆججىتى بار...»
دېگەندەك پەتىۋانى چىقىرىپ مەسجىدنىڭ بۇزۇلۇشىنى ساقلاپ قالغان ئىدى. ئەمما
مەسجىدنىڭ ئالدى ۋە كەينى ئىشىكىگە پىچەت سېلىپ، كىرىپ ـ چىقىش چەكلەنگەن
ئىدى. شۇمتەكلەرنىڭ سالغان پىچىتى تاكى 1968 – يىلى قۇربان ھېيتتا
ئاچقانغا قەدەر تاقاقلىق تۇرغان ئىدى، ئەمما يان ئىشىكلىرىدىن جامائەت
كىرىپ – چىقىپ ناماز ئوقۇپ تۇراتتى.
يالغۇز ھېيتكار مەسجىدىلا بۇزغۇنغۇنچىلىققا ئۇچراپ قالماستىن، ۋەتىنىمىزنىڭ
ھەر قايسى شەھەر، ناھىيەلىرىدىكى مەسجىدلەرمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىدى،
يېزىلاردىكى مەسجىدلەر، مال قوتانلىرىغا، ھەتتا توڭگۇز باقىدىغان
قوتانلارغا، بەزىلىرى ئامبارغا، بەزىلىرى كارخانىلارغا ئۆزگەرتىلگەن ئىدى.
قەشقەر شەھىرىدىكى داڭدار دۆڭمەسجىدىمۇ گىلەمچىلىك كارخانىسىغا
ئايلاندۇرۇلغان ئىدى. ئاتىزم تەربىيىسى كەڭ ئېلىپ بېرىلىپ، ناماز ئوقۇش
چەكلەنگەن ئىدى. خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن دىنىي ئەقىدە، دىيانەت ئېغىر
دەرىجىدە بۇزۇلغان ئىدى. ھەتتا بىرەر كىشى ئۆلۈپ كەتسە، نامىزى
چۈشۈرۈلمەستىن، ماۋزېدوڭ ئۈزۈندىسى ئوقۇلۇپ، ئۇ كشىنىڭ ماۋزېدوڭغا قانچىلىك
سادىقلىقى بىلەن باھا بېرىپ ئاندىن دەپنە قىلناتتى......
بۇلاڭ – تالاڭ
«تۆت
كونىنى بۇزۇش» نىقابى بىلەن، ئۆي – ئۆينى ئاختۇرۇش باشلانغان ئىدى، سەل
گۇمانلىق ئائىلە بولسىلا ئۇنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، قولىغا نېمە چىقسا
بۇلاڭ ـ تالاڭ قىلاتتى، بۇلانغان نەرسىلەرنى كوچىلاردا سۆرەپ يۈرۈپ،
كاپىتالىزم بىلەن شۇغۇللانغان، كاپىتالىزمنى تىرىلدۈرمەكچى بولغان، زاماننى
ئۆزگەتىش خىيالىدا بولغان، پالانىنىڭ ئۆيىدىن ئىككى قاپ شېكەر چىقتى،
پالانىنىڭ ئۆيىدىن بەش كىلو ناۋات چىقتى، پالانىنىڭ ئۆيىدىن ئىككى توپ
گەزمال چىقتى، پالانىنىڭ ئۆيىدىن بەش سەر ئالتۇن چىقتى دەپ، مال ئىگىلىرىنى
بىر توپ «ئىنقىلابچىلار » ئالدىغا سېلىپ سازايى قىلىپ، ماللىرىنى كۆرگەزمە
قىلىشاتتى. ئۇ مەھەللىدىن، بۇ مەھەللىدىن، بەس - بەس بىلەن ماۋزېدوڭغا
«سادىقلىقىنى» بىلدۈرىۋاتقان بۇ «ئىنقىلابچىلار» كۆرەڭلەپ، كەلگۈسى
مەدەنىيەت ئىنقىلابى تاماملانغاندا، مەنسەپ تاماسىدا ئىدى. مېنىڭ
بىلىشىمچە، شۇ كۈنلەردە قاراڭغۇ بازارچى دەپ، ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان،
ئىيسا تاشمەت ۋە تۇرسۇن قورچاق دېگەنلەر بىلەن، كېيىنكى ۋاقىتتا پەيلو
مەيداندا، بىر تۈرمىدە بىللە بولغان ئىدىم. ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ئىككى قاپ
شېكەر بىلەن، 150 دانە قوغۇن ـ تاۋوز چىققانلىقى ئۈچۈن قاراڭغۇ بازارچى
دەپ 5 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن ئىكەن. ئىيسا تاشمەت دېگەن كىشى
مۇددىتى توشۇپمۇ قويۇپ بېرىلمەي، ئاخىرى پەيلو مەيداننىڭ 2 – دادۈينىڭ يېڭى
ھايات كىچىك ئەترىتىدە خىتايلار تەرىپىدىن ناھەق ئۆلتۈرۈلدى. ئۇندىن باشقا
يەنە، ئاقسۇنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدىن تۇرسۇن ئىسىملىك بىر كىشى قاراڭغۇ
بازارچى دېگەن قالپاق بىلەن، 8 يىللىق كېسىلگەن ئىدى، كېيىن ئۇمۇ پەيلو
مەيداندا «جىنايىتىنى تونۇمىدى، ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇردى» دەپ ئۆلۈم
جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. پەيلو مەيدانىدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ يېرىمى قاراڭغۇ
بازارچى قالپىقى بىلەن جازالانغانلار ئىدى. قەشقەرلىق كونا ئۆزبېك تىۋىپ
ھەپىزخان مەخسۇم دېگەن كىشىمۇ، قاراڭغۇ بازارچى، ئۆيىدە مەخپى داۋالاش
ئېلىپ بارغان دەپ، مال ـ مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.
كېيىن مەن ئۇ كىشى بىلەن بىر تۈرمىدە تۈرمىداش بولۇپ ياتقان ئىدىم، ئۇ
كىشىنىمۇ ھەرخىل قالپاق كىيدۈرۈپ، تۈرمىدە بىھۈدە قىيناپ خىتايلار
ئۆلتۈرىۋەتتى. ئۇ ئادەمنى دەسلەپكى كۈنلەردە كوچىلاردا سازايى قىلىپ كۈرەش
ـ پىپەن قىلغان ئىكەن. بوينىغا ئېسىلغان قارا تاختايغا قانداقتۇر بىر
نېمىلەرنى يېزىپ «سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا قاچماقچى بولغان» بۇ بوينىدىكى
ئېسىلغان خەرىتە سوۋېتكە قېچىشنىڭ يول خەرىتىسى دەپ بىر يول خەرىتىسىنى
ئاسقان ئىكەن، يولدىن ئۆتكەن بىر ئادەم ھەپىزخان مەخسۇمنىڭ بوينىدىكى
خەرىتىگە قاراپ:
―
ۋاي، بۇ بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ چېرتىيۇجى ئىكەنغۇ! قانداقمۇ يول خەرىتىسى
بولسۇن، دېگەندە، قىزىل قوغدىغۇچى شۇمتەكلەر ئۇ ئادەمنىمۇ بىللە قوشۇپ
كۆرەشكە تارتقان.
مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە، «كاپىتالىزم بىلەن شۇغۇللاندى» دەپ،
كىشىلەرنىڭ ئۆزى تىرىپ ئۆستۈرگەن سەي – كۆكتات، مېۋە – چىۋە،
زىرائەتلىرىنىڭمۇ بازاردا سېتىلىشى چەكلەنگەن ئىدى، پۈتۈن ئېلىم - سېتىم،
ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلەنگەن ماگىزىنلىرىدا سېتىلىشى كېرەك ئىدى، شەخسى ئېلىم ـ
بېرىم، كاپىتالىزمنى تىرىلدۈرگەنلىك قاتارىدا جازالىناتتى. ھەتتا ئىشسىز
قىزلار، ئۆيلىرىدە دوپپا تىكىپ ئۆز ئىختىيارىچە بازاردا ساتسا، بازار
باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن تارتىپ ئېلىنىپ ئۈستىلەپ ئىشتىراپ قويۇلاتتى.
تىكىلگەن دوپپىسى چوقۇم قول سانائىتىنىڭ سېتىۋىلىش پونكىتىغا ئەرزان باھادا
سېتىپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق شۇ زاماندىكى زوراۋانلارغا
قارشى مۇنداق قوشاق توقۇشقان ئىدى.
قېچىڭلار خالايىقلار بىر ماشىنا مۇش كەلدى،
قولىدا قىزىل بەلگە بىزگە سالغان قۇش كەلدى.
بۇ
قۇشلار شۇ زاماندىكى بازار باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن، يېڭىگە قىزىل بەلگە
تاقىۋالغان «قىزىل قوغدىغۇچىلار» ئىدى.
ھۈنەرۋەن، كاسىپلار، ياغاچچى، موزدۇز، تامچى قاتارلىق كىشىلەر چوقۇم كوچا
باشقارمىسى، ئاھالە كومىتىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى كوللىكتىپ كارخانىدا ئىشلەپ،
تاپقان پۇلىنىڭ 35% نى ئايلىق ئىش ھەققى قىلىپ ئالاتتى. شەخسى ئىش قىلىپ،
ئۆز ئالدىغا كىرىم قىلغانلار كاپىتالىزم بىلەن شۇغۇللانغانلار قاتارىدا
جازالىناتتى.
خەلقنىڭ مىللى ئۆرپ - ئادىتى، ھەر خىل كىيىم ـ كىچەك كىيىشىمۇ، «تۆت
كونىلىق» دەپ قارىلىپ چەكلەنگەن ئىدى. يول – يولدا پايلاپ تۇرغان «قىزىل
قوغدىغۇچى شۇمتەكلەر»، قانداقتۇر ئۇزۇن چاپان كىيگەن كىشىنى كۆرسە،
كونىلىقنى تەرغىپ قىلدىڭ، يېڭىلىقنى تىكلىمىدىڭ، دەپ چاپىنىنىڭ پىشىنى
كېسىپ قىسقارتىۋىتەتتى، ئۇزۇن چاچ قويغان قىزلارنى كۆرسە، كونىلىقنى تەرغىپ
قىلدىڭ، دەپ چېچىنىى مەجبۇرى كېسىۋىتەتتى، ياش يىگىتلەر، كەپكە شەپكە،
گىلەپى شىم، پالاشوپكا، ياكى ياۋروپا پاسونىدىكى بىرەر كىيىم كىيىپ،
كوچىغا چىققان بولسا، چەتئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر، بۇرجۇئا مەدەنىيىتىنى
تەرغىپ قىلدىڭ دەپ، سازايى قىلىناتتى، بۇلاڭ ـ تالاڭ قىلىناتتى، نەگە
بارسىڭىز، قىيا – چىيا، نالە – پەرياتنىڭ دەستىدىن ئادەم چىداپ تۇرغىلى
بولمايدىغان، ھەتتا قېرى، ياشانغان بوۋاي – مومايلارمۇ بۇ بەدقېلىقنىڭ
سىرتىدا قالمىغان ئىدى. بىر قېرى موماينىڭ چېچى شۇمتەكلەر تەرىپىدىن
كېسىۋىتىلگەن ئىكەن، كېسىلگەن چاچنى كۆتۈرۈپ، ۋاي جان دەپ، كۆز يېشى قىلىپ،
مەن نېمە دەپ ئۆيگە، كىلىن، نەۋرە – چەۋرىلىرىمنىڭ ئالدىغا بارىمەن، ماڭا
نى نومۇس! نى ئۆلۈم! دەپ يىغلاپ ئىسەدېگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. مۇنداق
ئىشلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇراتتى.
ساقىلى چۈشۈرىۋېتىلگەن بىر بوۋاي: «مەن ماركىس، ئىنگلىس، لىنىن،
سىتالىنلارنىڭمۇ ساقال بۇرۇتىنىڭ بارلىقىنى رەسىمىدىن كۆرگەن ئىدىم، مېنىڭ
ساقىلىم قانداق قىلىپ سىلەرنىڭ سىياسىتىڭلارغا پۇتلاشتى!» دېيىشى بىلەن
بىر توپ شۇمتەكلەر كېلىپ سەن ئۇلۇغ ئۇستازلىرىمىزغا تىل تەككۈزدۈڭ، نەخ
ئەكسىلئىنقىلابچى» دەپ تۈرمىگە قامىغان.
كلاسسىك ناخشا، كوچا ناخشىلىرى، مەشرەپ، دولان سەنەملىرى، مۇھەببەت تۈسىنى
ئالغان ناخشىلارنى ئېيتىشمۇ، «تۆت كونىلىق، سېرىق ناخشا» ئىدى، ھەممىسى
چەكلەنگەن ئىدى. پەقەت ماۋزېدوڭنى كۈيلەيدىغان، مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى
تەشۋىق قىلىدىغان، كومپارتىيەنى كۆككە كۆتۈرىدىغان، كونا 8 - ئارمىيە
ناخشىلىرىنى ئېيتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ئىدى. ئەگەر بىرەرسى، «كونا»
ناخشىنى، خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتقان بولسا، كونىلىقنى تەرغىپ قىلغانلار
قاتارىدا جازالىناتتى. بىز شۇ كۈنلەردە بىر نەچچە دوستلار بىر يەرگە جەم
بولۇپ، دۇتتار بىلەن ئولتۇرۇش قىلغان ئىدۇق، قانداقتۇر بىرسى چېقىپ قويغان
ئىكەن، خېلى خاپىلىق تارتقان ئىدۇق. ھەتتا ئېتىز ئېرىققا بارسىڭىزمۇ
دېھقانلارنىڭ، يەنە شۇ «ئىنقىلابىي ناخشا» ئېيتقانلىقىنى كۆرەتتىڭىز.
قىسقىسى خەلق جېنىدىن جاق تويغان ئىدى. كىشىلەردە ھېچقانداق ئەركىنلىك –
ئازادىلىك يوق ئىدى.......
ماۋجۇشى ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىش
ماۋجۇشى ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىش مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ بىر مەجبۇرى قىسمى
بولۇپ، «تۆت كونىنى بۇزۇش، تۆت يېڭىنى تىكلەش» نىڭ تەركىبى قىسمى ئىدى.
ھەممە ئۆيدە، ھەر بىر كىشىدە ماۋجۇشىنىڭ تۆت ئەسىرى بولۇشى شەرت ئىدى.
ماۋجۇشى ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدىكى «لاۋسەن پيەن» نى ھەممە ئادەم مەجبۇرى يادا
بىلىشى كېرەك ئىدى. لاۋسەن پيەن دېگىنى ― خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى،
يۈگوڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى، بىيتۇننى خاتىرىلەيمىز دېگەن ئەسەرلىرى بولۇپ،
ئىنسانلارنى كوممۇنىستىك پارتىيىگە ھەقسىز ئىشلەشكە، لىيفىڭنى جاپاغا
چىداپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەشكە، يۈگوڭنى قىلچىمۇ ئۆز مەنپەئىتىنى ئايىماي
باشقىلار ئۈچۈن ئىشلەشكە بىيتۇننى ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۆزىگە
سادىق قىلىشقا ئۈندەيتتى. بۇ ئۈچ ئەسەرنى يادا بىلمىگەن كىشى كادىر ياكى
ئىشچى بولۇش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم بولاتتى. يول – يولدا، كوچىنىڭ
دوقمۇشلىرىدا، ئادەم كۆپ ئۆتىدىغان يول ئېغىزلىرىدا، قىزىل قوغدىغۇچى
شۇمتەكلەر، يولۇچىلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ، «ئۈچ ئەسەرنى يادلاپ بەر، بولمىسا
سېنى ماڭدۇرمايمىز» دەپ، توسىۋالاتتى. ھېچ بولمىغاندا ماۋجۇشى
ئۈزۈندىلىرىدىن بەشنى ياكى ئۈچنى يادلاپ بەر دەيتتى. ئۇنى ئازدەپ،
ئادەملەر بىر ـ بىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ۋە ئەلەيكۇم
سالامنىڭ ئورنىغا «ماۋجۇشى ۋەنسۈي! دېسە، ئىككىنجى ئادەم جاۋابەن ماۋجۇشى
ۋەن، ۋەنسۈي! دەپ شۇئار توۋلىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر ئۇنداق سالام بىلەن بىر
ـ بىرى بىلەن كۆرۈشمىسە، باشقىلار بىلگەن ھامان، ماۋجۇشىغا سادىق بولمىغان
كىشى ھېسابلىنىپ، تېگىشلىك جايغا مەلۇم قىلىناتتى. ھەر ئادەم ئەتىگىنى
سەھەر تۇرۇپ، ئۆيىدىكى ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىگە قاراپ كۈندىلىك قىلىدىغان
ئىشىدىن رۇخسەت سورىشى، يوليورۇق سورىشى كېرەك ئىدى، ئاخشىمى ئۆيگە
كىرىپلا، يەنە ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىگە قاراپ، قىلغان ئىشىدىن دوكلات قىلاتتى.
ئۇ قىلغان دوكلاتى ناھايىتى تەپسىلى بولىشى كېرەك ئىدى. گەرچە ئۇ كىشىنىڭ
يېنىدا بىرەرسى بولمىسىمۇ باشقىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىپ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا
چېقىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئىدارە - جەمئىيەتتىكىلەر، مەكتەپلەردە ھەر
دەم ئېلىش تەنەپپۇس ۋاقتىدا، گىمناستىكىنىڭ ئورنىغا، «قەدىردان ماۋجۇشى سىز
بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى قىزىل قۇياش» دېگەن ناخشىنى خىتايچە ئوقۇپ ئۇسسۇل
ئوينايتتى. ئۇ ئۇسسۇل شۇنداق سەت قېلىقسىز ئىكەنكى، ئادەمنىڭ قۇسقىسى
كېلەتتى. ئەگەر بەزىلەر راۋرۇس ھەرىكىتى بىلەن ياخشى ئوينىمىسا، ماۋجۇشىغا
بولغان ساداقەتمەنلىكى ناچار، ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دەپ، سۈرۈشتە
قىلىناتتى ۋە كۆرەش ـ پىپەنگە سېلىناتتى. ئادەملەر قورقۇپ بولسىمۇ ئۇ
كىلەڭسىز، بەد قېلىق ئۇسسۇلنى مەجبۇرى ئويناشقا زورلىناتتى.
مەن
پەيلو مەيدانىدىكى ۋاقتىمدا، يەكەن ناھىيىسىدىن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا
ئۇچراپ كەلگەن بىر كىشى بىلەن مۇڭدىشىپ قالغان ئىدىم، ئۇنى تونۇيدىغانلار،
ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى ئاتىماي «بەش تۈپ دەرەخ» دەپ ئاتايتتى. مەن ئۇنىڭدىن
بۇنىڭ مەنىسىنى سورىسام: «مەن بەكلا كەمبەغەل ئىدىم، شۇ يىلى قىشتا ئۆيدە
قالايدىغان ئوتۇنۇم قالمىدى، ئەترەتتىن ياردەم سورىسام، ياردەم بەرمىدى،
ھەممە ئادەم ماۋجۇشىدىن يوليورۇق سوراپ ئىش قىلاتتى، مەنمۇ ماۋجۇشىنىڭ
ئۆيۈمدىكى ئۆرە تۇرۇپ، قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان سۈرىتىگە قاراپ، جانابى
ماۋجۇشى ئاتام! قىشتا ئۆيدە قالايدىغان ئوتۇنۇم يوق، بالىلىرىم سوغۇقتىن
ئۆلەر ھالغا يەتتى، رەھىم قىلسىلا دېسەم كۆزۈمگە ماۋجۇشىنىڭ بەش بارماق
قولى كۆرۈندى، ھە! ماۋجۇشى دەرەختىن بەش تۈپ كەس! دېدى، دەپ چۈشىنىپ،
دەرھال ئۆينىڭ كەينىدىكى ئەترەتنىڭ دەرىخىدىن بەش تۈپ كەستىم، بىر ۋاقىتتا
ئەترەت كادىرلىرى كېلىپ، بۇ سېنىڭ نېمە قىلغىنىڭ دېدى، مەن دېدىم، جانابى
ماۋجۇشىدىن يوليورۇق سورىسام، بەش بارمىقىنى چىقىرىپ، بەش تۈپ دەرەخ كەس
دېدى، بولغان ئىش شۇ، دېدىم. ئۇلار مېنى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىپ،
ئاندىن ناھىيىگە، ئاندىن ساقچىغا ئاپاردى. بەش تۈپ دەرەخ كەسكەنلىكىم
ئۈچۈن بەش يىللىق كېسىلدىم. بۇ لار شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى بەش تۈپ دەرەخ
دېيىشىدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇنداق ئىشلار ۋەتىنىمىزدە كۆپ ئۇچرايتتى. مەرھۇم
دوستۇم، سەپدىشىم، مەمتىلى تۆرەخاننىڭ دادىسىدىن: لىنبىياۋنىڭ سۈرىتىنى
كۆرسىتىپ، بۇ كىم! دەپ سورىسا، ساۋاتسىز، ئوقۇمىغان ئادەم بىلمەسلىكتىن،
بۇ لىيۇشاۋچى دەپ تاشلىغانغا، قاماق جازاسى بەرگەندەك بىر ئىش.
ئۇندىن باشقا يەنە قەشقەر شەھەرلىك ساقچىنىڭ كادىرى مۇھەممەد رەھىم دېگەن
ئادەم بىر كۈنى ماۋزېدوڭنىڭ رەسىمىنى رەسىم جازىسىغا ئېلىش ئۈچۈن بىر
كىشىدىن بىر دانە جازا ئېلىپ كەپتۇ، رەسىم چوڭ كېلىپ قېلىپ جازىغا
پاتماپتۇ، مۇھەممەد رەھىم چاقچاق ئارىلاش: «ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشىنىڭ بېشى
نېمە دېگەن چوڭ، سەل كىچىكرەك بولغان بولسا كېلەتتىكەن» دېگەن ئىكەن، بۇ
سۆزنى ئاڭلىغان ئەتراپىدىكى ساقچىلار دەرھال خىتاي باشلىققا دەپ، قانۇنى
جەھەتتىن قولغا ئېلىپ بىر ئېغىز گېپى ئۈچۈن تۈرمىگە قامىلىپ خىزمىتىدىن
قالدۇرۇلغان.
ھوقۇق تارتىۋىلىش كۆرىشى
ماۋزېدوڭ ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى «تۆت كونىنى بۇزۇش، ماۋزېدوڭ ئەسەرلىرىنى
ئۆگىنىش» ھەرىكىتى ئارقىلىق تىكلىگەندىن كېيىن، خەلق ئىچىدىكى «شەخسكە
خۇراپاتلەرچە ئىشىنىش» ئىدىيىسى راسا ئەۋج ئالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،
ھوقۇق تارتىش كۆرىشىنى باشلىۋەتكەن ئىدى، خىتاي ئېلى مىقياسىدا يۇقىرى ـ
تۆۋەن ھوقۇق تارتىش كۆرىشى باشلانغان ئىدى. بېيجىڭدا لىيۇشاۋچى،
دىڭشىياۋپىڭ، تاۋجۇلار تارتىپ چىقىرىلىپ، كۈرەش ـ پىپەن قىلىنىپ،
تۇرمىلەرگە، جازا لاگىرلىرىغا تاشلانغان ئىدى. بۇ شامال بىزگە يېتىپ
كەلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تىخنىكوم، ئوتتۇرا
مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن چۇۋۇلۇپ چىقىپ، ئاپتونوم رايونلۇق
پارتكومنىڭ سىكرىتارى ۋاڭ ئېنماۋنى يوقىتىمىز دەپ ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇمغا
ئۆتكەن ئىدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ بېشى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» ئوقۇغۇچىلىرىنى
گەۋدە قىلغان، ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. ئۇلار
تەشكىللىنىپ «شىنجاڭ قىزىل قوغدىغۇچىلار ئىسيان كۆتۈرۈش 2 – سىلىڭبۇسى» نى
قۇرغان ئىدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ۋاڭ ئېنماۋنى يوقىتىش ئىدى.
مەن
بۇ ئەسلىمەمدە، شۇ زاماندا يۈز بەرگەن ۋەقەلىكنى، نام –ئاتالغۇلارنى شۇ
پېتى ئەينەن يېزىشقا تىرشىش ئۈچۈن بەزى ئاتالغۇلارنى خىتايچە يېزىشقا
مەجبۇر بوپقالدىم. مەسىلەن، سىلىڭبۇ (قۇماندانلىق شىتاپ)، ئەمما شۇ
شارائىتتا ھەممە ئادەم سىلىڭبۇ، ئۇنىڭ باشلىقلىرىنى يەنى قۇماندانلىرىنى
سىلىڭ دەپ ئاتىشىدىغان بولغاچقا مەنمۇ شۇ پېتى يېزىشقا مەجبۇر بوپقالدىم.
1 ـ
سىلىڭبۇنىڭ ئادەملىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئالى مەكتەپ،
تىخنىكوملار، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇ
تەشكىلاتقا ئەزا بولۇپ كىرگەن ئىدى. ھەتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا
ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيىلىرىدىمۇ، 2 - سىلىڭبۇنىڭ شۆبىلىرى بار ئىدى. 66 -
يلىدىكى 3 – سىنتەبىر ۋەقەسى، 2 - سىلىڭبۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپىيىشىگە
سەۋەبچى بولغان ئىدى. 3 – سىنتەبىر كۈنى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى،
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىناسىنىڭ ئالدىغا توپلىشىپ كۈلىمى كەڭ
بولغان ئىسيان كۆتۈرۈش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان ئىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ
تەلىبى ئورۇندالمىغاندىن كېيىن ئۇلار دەسلەپتە جىم ئولتۇرۇش كۆرىشى ئېلان
قىلدى. ئۇنىڭغىمۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئالالمىغاندىن كېيىن، ئاچلىق ئېلان
قىلىش كۆرىشى ئېلىپ بارغان ئىدى، ئاچلىق ئېلان قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى
داۋاملىق كۆپىيىپ پۈتۈن شىمال ۋە جەنۇبقا قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى،
ئۇلارنىڭ روھىنى مەرگەزدىن قوللاپ، «ئىنقىلابىي ھەرىكەت» دەپ يەكۈن
چىقارغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن 2 - سىلىڭبۇنىڭ تەسىرى، تەڭرىتاغنىڭ شىمال ۋە
جەنۇبىغىچە كىڭەيگەن ئىدى. ئۇلار چوڭ خەتلىك گېزىت (دازىباۋ) چاپلاپ، داقا
دۇمباقلار چېلىپ، ھەممە يەردە ۋاڭ ئېنماۋغا قارشى شۇئارلار توۋلىشاتتى. يول
بويىدىكى تاملار، رىشاتكىلار، كىنو – تىياتىر خانىلارنىڭ دوسكىلىرى، كېلىپ
ـ كېتىۋاتقان ماشىنىلار، ئادەم ئۆتۈشىدىغان سىمۇنت يوللارغىچە شۇئارلار
چاپلانغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاساسى شۇئارى پارتىيە ئىچىدىكى كاپىتالىزم
يولىغاقاراپ ماڭغان 1 - نومۇرلۇق ھوقۇقدار ۋاڭ ئېنماۋنى يوقىتايلى!
ئەدىبىنى بېرەيلى! دېگەن مەزمۇندىن ئىبارەت ئىدى.
1966
- يىلى 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە قەشقەردىكى ئالىي
مەكتەپتىن تارتىپ ئوتتۇرا مەكتەپگىچە بولغان ئوقۇغۇچىلاردىن مىڭدىن ئارتۇق
ئوقۇغۇچى تەشكىللىنىپ، قەشقەر يەرلىك پارتكومنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا جىم
ئولتۇرۇش كۈرىشى ئېلان قىلىپ قەشقەرنىڭ ۋالىسى نەنچىمىننىڭ ھوقۇقىنى ئېلىپ
تاشلاش ھەققىدە يەتتە ماددىلىق بايانات ئېلان قىلدى. جىم ئولتۇرۇش كۆرىشى
ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار ئاچلىق ئېلان قىلىشقا باشلىدى،
ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوللىغان قەشقەردىكى نەچچە مىڭلىغان خەلق
كوچىلارغا چىقىپ ئوقۇغۇچىلارغا ماسلىشىپ ھەرىكەتنى ئۇلغايتىۋەتتى.
قەشقەردىكى بولىۋاتقان ھەرىكەتنىڭ تەسىرى باشقا ناھىيىلەرگىمۇ بېرىپ
تۇتاشتى. شۇنىڭ بىلەن قەشقەرگە ئۆزلىكىدىن ئېقىپ كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ
سانى ئېشىشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن ئەنسىرىگەن پارتىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى
ئارقا – ئارقىدىن مەركەزگە ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە دوكلات يېزىپ،
ئەڭ ئاخىرى نەنچىمىننىڭ پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ھوقۇقى ئېلىپ
تاشلانغانلىق قارارنامىسى كەلدى. ئۇنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى قەشقەر
ۋىلايىتىنىڭ ھەممە ناھىيە – بازارلىرىغىچە تارقىتىپ، كوچىلارغا چاپلىغاندىن
كېيىن ئاچلىق ئېلان قىلغان ئوقۇغۇچىلار تارقىلىپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن
قەشقەردىمۇ ئىسيانچىلارنىڭ بىر - بىرىگە بولغان كۆز قاراشلىرىدا
ئوخشىماسلىقلار شەكىللىنىپ بىر نەچچە تەرەپكە بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى. بۇ
ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلار يەنىلا ۋاڭ ئېنماۋنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان
2 - سىلىڭبۇنىڭ ئادەملىرى ئىدى.
ئۇلارغا قارشى يەنە بىر سىلىڭبۇ قۇرۇلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى، ۋاڭ
ئېنماۋنى قوغداش ئىدى. بۇ تەشكىلاتتىكىلەرنىڭ كۆز قارىشى 2 - سىلىڭبۇنىڭ
كۆز قارىشىغا تامامەن ئوخشىمايتتى. «ۋاڭ ئېنماۋ كاپىتالىزم يولىغا قاراپ
ماڭغان ھوقوقدار ئەمەس، ۋاڭ ئېنماۋ ياخشى يولداش!» دەيتتى ھەمدە ئاشكارا
تۈردە، ۋاڭ ئېنماۋنى قوغدايمىز! دەپ شۇئار چاپلايتتى ۋە توۋلايتتى. خەلق
ئارىسىدا بۇ 2 چوڭ تەشكىلاتنى، ئىسيانچىلار بىلەن قوغدىغۇچىلار دەپ
پەرقلەندۈرەتتى. ئادەملەر بىر ـ بىرى بىلەى ئۇچراشقاندا، ۋاڭ ئېنماۋنى
يوقىتايلى! دېسە، ئوخشاش كۆزقاراشتا بولغان بولسا دەرھال يوقىتايلى دەيتتى.
ئە گەر ئوخشاش كۆزقاراشتا بولمىسا ۋاڭ ئېنماۋ ياخشى يولداش! دەپ ئۆزلىرىنىڭ
كۆزقاراش مەيدانىنى شەرھلەيتتى. شوپۇر ئۇستىلار ماشىنىسىنىڭ سېگنالىنى
باسقاندا، ئۆزىنىڭ قايسى كۆزقاراشتا ئىكەنلىكىنى شەرھلەش ئۈچۈن، 2 -
سىلىڭبۇنىڭ ئادىمى بولسا، ۋاڭ ئېنماۋنى يوقىتايلى! دەپ سېگنال بېرەتتى. ۋاڭ
ئېنماۋنى قوغدايدىغان شوپۇر بولغان بولسا، ۋۇگاڭنى يوقىتايلى! دەپ سېگنال
بېرەتتى. ھەتتا شوپۇرلارمۇ بىر - بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ ماشىنىسىنى
ھەيدەيتتى. بۇ ئىككى خىل كۆز قاراش تۈپەيلى، ھەتتا ئاتا بىلەن بالا، ئەر
بىلەن خوتۇن، ئاكا بىلەن ئۇكا، ئاچا بىلەن سىڭىل بىر ـ بىرى بىلەن كەلدى -
باردى قىلمايدىغان، ئايرىلىپ كېتىدىغان، بىر - بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ
قورال ـ ياراغ ئىشلىتىپ ئېتىشىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بەرگەن ئىدى.
مەن
بۇ ئەسلىمەمدە، پەقەت قەشقەردە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىلا ئەسلەپ
ئۆتمەكچىمەن.
25 -
يانۋار ھوقۇق تارتىۋىلىش ھەرىكىتى
ماۋ
زېدوڭنىڭ: «سىلىڭبۇنى تۈشمۇ – تۈشتىن توپقا تۇتۇڭلار! ھوقۇق
تارتىۋىلىڭلار!» دېگەن يول يورۇقى 25 - يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ،
بۇ خەۋەر ئەزىزانە قەشقەرگىمۇ يېتىپ كەلگەن ئىدى. شۇ كۈنى كەچ سائەت 0 دە،
قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئىسيانچىلار بىرلىشىپ، تەشكىللىنىپ، پىلانلىق ھالدا،
ئارقا – ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ھوقۇق تارتىۋىلىش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتكەن
ئىدى. قەشقەر يەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى مۇڭشۇلىن، بەييۇەنشىڭ، قەشقەر ۋالى
مەھكىمىسىنىڭ ۋالىسى ياقۇب ھاجىم قاتارلىقلار تارتىپ چېقىرىلىپ ھوقوقى
ئېلىپ تاشلاندى، قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، قەشقەر
ۋىلايىتىنى پالەج ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. بارلىق ھوقۇق 2 - سىلىڭبۇنىڭ
قولىغا ئۆتكەن ئىدى، ھەر قايسى ئىدارە جەمئىيەتلەرنىڭ ھوقۇقى، شۇ
ئىدارىدىكى ئىسيانچىلار تەرىپىدىن تارتىپ ئېلىنىپ، پۈتۈن قەشقەرنىڭ ھوقۇقى
پۇرۇلتارىيات ئىسيانچىلار قولىغا ئۆتكەن ئىدى. شۇندىن باشلاپ قەشقەردە
ھۆكۈمەتسىزلىك باشلانغان ئىدى. ھوقۇق تارتىۋالىدىغانلار ھەممە يەرگە كەڭ
تارقالغان ئىدى. شەھەرنىڭ ئىچى پاتپاراق بولۇپ، ئادەم ئادەمنى تونۇمايتتى،
ھەممە ئالدىراش ئىدى. بۇ ئىش دەل 1967 - يىلى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كېچە
يۈزبەرگەن ئىدى. قارشى تەرەپتىكى ۋاڭ ئېنماۋنى قوغدايدىغان تەرەپتىكىلەرمۇ
ھوقۇق تارتىۋىلىش مەقسىتىدە ئۆزلىرى خالىغان يەردىكى ھۆكۈمەت، ياكى
پارتىيە، ياكى مۇھىم ئورۇنلارنىڭ ھوقۇقىنى تارتىلىۋىلىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن
خىزمەت قىلىشنى ئويلايتتى.
27
- كۈنى مەن شۇ كۈنلەردە قەشقەر شەھەر خەلق باغچىسىدىكى «قەشقەر قىزىل
بۈركۈت ئىسيان كۆتۈرۈش سىلىڭبۇسى» دا ئىشلەۋاتاتتىم. بىر توپ ئالىمانلار
كېلىپ، تۇيۇقسىزلا مېنى تۇتۇپ كەتتى. ئۇلار بىلەن ئۇيان تارتىپ، بۇيان
تارتىپ بىر مەھەل ئۇرۇش قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئادىمى جىق ھەم كېچىسى
بولغانلىقتىن، بىزنىڭ سىلىڭبۇنىڭ ئادەملىرى ئاساسى جەھەتتىن ئۆز ۋەزىپىسىنى
ئادا قىلىش ئۈچۈن، تەرەپ - تەرەپكە تارقىلىپ كەتكەن ئىدى. كۈچ
سېلىشتۇرمىمىز ئاجىز كېلىپ قېلىپ، ئۇلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كەتتىم. مېنى
سۆرىگەن پېتى قەشقەر ۋىلايەتلىك پوچتا تېلېگىراپ ئىدارىسىغا ئېلىپ باردى.
ئادەمنىڭ كۆپلىگىدىن يولنى كېسىپ ئۆتكىلى بولمايتتى، قانداقتۇر پوچتىخانا
ئىچىدىن، بىردىن – بىردىن مەن تونۇيدىغان كىشىلەرنى ئۇرۇپ، باغلاپ ماشىنىغا
باسقىلى تۇردى، تۇتۇلغانلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس ئىدى، ھەربىيلەرمۇ كەينى -
كەينىدىن كېلىشكىلى تۇردى. ئىسيانچىلار بىلەن قوغدىغۇچىلار ئوتتۇرسىدا
ئېغىر جېدەل بولۇشقا باشلىدى، ئۇر كالتەك سۈر كالتەك بولۇپ، قالايمىقان
تونۇپ تونۇماي ئادەم ئۇرۇش قىزىپ كەتكەن ئىدى. تۇتۇلغانلارنى ماشىنىغا
بېسىپ نەگىدۇر ئېلىپ كېتىشتى. مېنى قاتمۇ قات مۇھاسىرە چەمبىرىكىگە ئېلىپ،
بېشىمغا تاغار كىيدۈرۈپ ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار مېنى قەشقەر
شەھەرلىك تۈرمىگە ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى. بىر قانچە ئادەم كېلىپ مېنى سوراق
قىلغىلى تۇردى. ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مېنى تۇتقانلىقىنى بىلەتتىم. ئۇلار
مېنى ھوقۇق تارتىۋىلىشقا كۈشكۈرتكەن، ئالدىن پىلانلىغۇچى دەپ،
ئەكسىلئىنقىلابىي جىنايەت بىلەن قارىلاپ مېنى ۋە مېنىڭ تەشكىلاتىمنى
قارىلىماقچى ئىدى. بۇ پەقەت ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشتىكىلەرنىڭ ئۆچ ئېلىش
كۆرىشىلا ئىدى. چۈنكى گۇڭئەنجۈيمۇ ئۇلارنىڭ باشقۇرشىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.
ئەسلى ئىش مۇنداق بولغان ئىدى:
―
بىزنىڭ تەشكىلاتىمىزنىڭ تولۇق ئىسمى قەشقەر قىزىل بۈركۈت ئىسيان كۆتۈرۈش
سىلىڭبۇسى بولۇپ، مەن شۇ تەشكىلاتنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرسى ئىدىم. بىزنىڭ
سىلىڭبۇ باغچىدىكى مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشقان ئىدى. بىزنىڭ
تەشكىلاتىمىزغا قارايدىغان ياۋاغ كوچا باشقارمىسى تەۋەسىدىكى ئىسيانچىلار،
ئابدۇرھىم ھەسەننىڭ باشلامچىلىقىدا، پوچتىخانىنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋىلىش
ئۈچۈن، پوچتىخانا ئىچىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئالدىغا كەلگەننى ئۇرۇپ، قارشىلىق
قىلغاننى باغلاپ، چاقىدىغاننى چېقىپ، ئېغىر ئىقتىسادى زىيان كەلتۈرگەن
ئىكەن. بولۇپمۇ زەيبۇشى (يۈكلىمە دولقۇن چاستوت ئىشخانىسى) گە كىرىپ، پۈتۈن
تېلېفۇن يوللىرىنى ئىشلىمەس ھالەتكە كەلتۈرگەن ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن مېنى
ئالدىن پىلانلىغۇچى، پەردە ئارقىسىدىكى قۇماندان دەپ قولغا ئالغىنى ئىدى.
مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا مۇنداق زىيانكەشلىكلەر، ئوخشىمىغان كۆزقاراشتىكىلەر
ئىچىدە پات – پات بولۇپ تۇراتتى. مېنى سوراق قىلماي، تۈرمىگە سۇلاپ قويدى،
قارشى تەرەپ سىلىڭبۇسىدىكىلەرنىڭ ئادەملىرى كېلىپ سوراق قىلىشتىن ئەيمىنىپ،
گۇڭئەنجۈينىڭ كونا كادىرلىرىدىن مۇسا روزى دېگەن ئادەم مېنى سوراق قىلغىلى
تۇردى. ئۇنىڭ سورىقىدا پوچتىخانا ۋەقەسىنى قاچان؟ قەيەردە؟ كىملەر بىلەن
پىلانلىغان؟ سەن نېمە يوليورۇق بەردىڭ؟ دېگەندەك تۈكى يوق سوراقلار ئىدى.
مەن ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا باشتىن ئاياغ بىلمەيمەن، دەپ جاۋاب بەردىم. ھەر
كۈنى سورايدۇ. مەندىن جاۋاب ئالالمايدۇ. شۇنداق قىلىپ 20 كۈن ئۆتۈپ كەتتى.
ئۇلار مېنى قويۇپ بەرمىدى، سىرىت بىلەن ئالاقە قىلش ئىمكانىيىتى بولمىدى،
بىر كۈنى سىرتتىن ئوخشاش كۆز قاراشتىكى دوستىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن بىر
پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالدىم. خەتتە: ئىچكى تاشقى ماسلىشىپ، بىردەك ھەرىكەت
ئېلىپ بېرىش پىلانى تەپسىلى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.
مەن
ئەتىسىدىن باشلاپ يەتتە ماددىلىق بايانات ئېلان قىلىپ ئاچلىق ئېلان قىلدىم،
ئۇلار ھەر كۈنى تۈرمىنىڭ سىرتىدا نامايىش ئېلىپ باردى، نامايىش ھەر كۈنى
بولدى، نامايشچىلارنىڭ سانى كۈندىن كۈنگە ئاشقىلى تۇردى، ۋەزىيەت ئۇلار
ئۈچۈن يامانلاشتى، ئەگەر يەنە ئۇلار مېنى قويۇپ بەرمىسە تۈرمىدىكى باشقا
جىنايەتچىلەرگىمۇ تەسىرى بولۇش ئىمكانىيىتى ھېس قىلىندى، شۇنداق مۇرەككەپ
ئەھۋال ئاستىدا، ئاچلىق ئېلان قىلشنىڭ 5 - كۈنى مېنى مەجبۇرى تاماق يېيىشكە
دەۋەت قىلىپ، يازما بايانات ياز! ئۇلار نامايىشنى توختاتسۇن، دەپ
يالۋورغىلى تۇردى، مەن تېخىمۇ چىڭىدىم. چوڭراق ئىشنىڭ چىقىشىنى كۈتتۈم، 6 -
كۈنى جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايوننىڭ سەنمۇجاڭى تۇراق ئىسمايىل تۈرمىگە
كىرىپ، مېنىڭ گۇناسىز ئىكەنلىكىمنى ئېلان قىلىپ تۈرمىدىن ئېلىپ چىقىپ
دوستلىرىمغا تاپشۇردى، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن مېنىڭ تۈرمىدىن چىقىشىمغا
سەۋەب بولغان ئىشلارنى سۈرۈشتۈرسەم، سەمەت دۇگايلى يۇقىرىقىدەك پىلاننى
تۈزۈپ، نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن، مەن سەمەت دۇگايلىنى بۇرۇن ئانچە
تونۇمايتتىم، پەقەت ئۇنىڭ قەشقەر شەھەرلىك ئۆي – تۇرالغۇ جاي شىركىتىدە
تەرجىمانلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. مەن تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن،
رەھبەرلىك بەنزىسىنى تەرتىپكە سالغاندا ئۇ، سىلىڭبۇنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرسى
بولۇپ سايلانغان ئىكەن. ھازىر ئۇ ئاتاغلىق يازغۇچى بولۇپ كەتتى.
گەرچە مەن تۈرمىدىن چىققان بولساممۇ، ئەمما ئابدۇرھىم ھەسەن يەنىلا تۈرمىدە
يېتىۋاتاتتى. ئۇنى ۋىلايەتلىك تۈرمىگە قامىغان ئىدى، مەن تۈرمىدىن
چىققاندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شۆبە ھەربىي رايونلارغا
يول مېڭىپ، بولمىغىنىغا نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، تەشۋىق ۋارىقى تارقىتىپ،
ئابدۇرھىم ھەسەننى ئاقلاپ جامائەت پىكرى ھازىرلاپ، «مەدەنىيەت
ئىنقىلابىدىكى ئەگرى توقايلىق» دەپ خۇلاسىلاپ، تۈرمىدىن بوشاتتۇق.
ئابدۇرھىم ھەسەن ئۈچ ئايدەك تۈرمىدە ياتقان بولدى.
ئىككىنچى باپ
«قەلەم بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئەلەم بىلەن قوغدىنىش»
14 -
ئاۋغۇست ۋەقەسى
1967
- يىلى 8 – ئاينىڭ 14 – كۈنى قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك
ھۆكۈمەتنىڭ بىناسى كۆيدۈرۈلگەن كۈن بولۇپ، بۇ قەشقەر تارىخىدا «14 -
ئاۋغۇست ۋەقەسى» دەپ ئاتىلىدۇ.
قەشقەردىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى راسا پەللىگە چىققاندا، ھەر قايسى
تەشكىلاتلار ئۆز ئالدىغا بازا ئىگەللەپ، تايانچى پونكىتلارنى قۇرۇپ، ئوخشاش
بولمىغان كۆز قاراشتىكىلەرنى بۇلاپ – تالاپ، سىلىڭبۇلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم
قىلىپ، قولىغا كەلگەننى ئېلىپ، ئۆز ئارا ئۈستۈنلۈكنى تالىشاتتى. «مەدەنىيەت
ئىنقىلابىي گورۇپپىسى» دېگەن ئورگان مەرگەزدە قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى
ماۋنىڭ خوتۇنى جاڭچىڭ بولغان ئىدى. ئۇ: «قەلەم بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئەلەم
بىلەن قوغدىنىڭلار!»، دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ھەممە
يەردە ئىسيانچىلار بىر بىرى بىلەن ھۇجۇم، مۇداپىئەگە ئۆتكەن ئىدى. قەشقەر
شەھەرلىك پارتكومنىڭ بىناسىغا ۋاڭ ئېنماۋنى قوغدايدىغان تەشكىلاتلار
بىرلىشىپ سىلىڭبۇ قىلىپ ئىشلىتىپ، ئەلەم بىلەن قوغدىنىمىز دەپ، ئۆگزىسىگە
تاش توپلاپ، نەيزە، قىلىچ، كالتەكلەر بىلەن مەخسۇس ساقلايدىغان ئادەملەرنى
بەلگىلەپ كېچە ـ كۈندۈز ھەربىي ھالەتتە تۇرۇپ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلاتتى. ۋاڭ
ئېنماۋنى يوقۇتىدىغان ئىسيانچىلار تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرى، ئەتىگەندە ھۇجۇم
قىلىپ، بىنانى قورشاشقا باشلىدى. تەرەپ – تەرەپتىن توپلانغان ئىسيانچىلار
ھەدىسە، ھە دەپ، بىناغا قارىتىپ تاش ئاتتى، كەينىدىن ئۆزلىرى ياسىغان سالغا
بىلەن بىنانىڭ ئۈستىدىكى ئادەملەرگە قارىتىپ تاش ئاتتى. بىنانىڭ
ئىچىدىكىلەرمۇ بوش كەلمەي ھەممە قوراللىرىنى ئىشقا سىلىپ، قارشىلىق
كۆرسەتكىلى تۇردى. ئۇ ۋاقىتتىكى ئۇرۇش پەقەت كونا ئۇسۇلدىكى تاش ـ توقماق
ئۇرۇشى ئىدى. ئۇرۇش راسا قىزىدى، شەھەرنىڭ سىرتىدا بولسا دېھقانلار
سىلىڭبۇسىدىكىلەر، شەھەرلىك پارتكومنىڭ بىناسىدىكىلەر بىلەن ئوخشاش كۆز
قاراشتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن شەھەرنىڭ ھەرقايسى
بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىن كىرىشكە باشلىغان ئىدى، شامالباغ تەرەپتىن كەلگەن
دېھقانلار سىلىڭبۇسىدىكىلەر نەيزە – پىچاق، پالتا – كەكە، ئوغاق، ئۆزى
ياسىغان ئىپتىداھى جەمئىيەتتىكى قوراللار بىلەن قوراللىنىپ شەھەرگە كىرىشكە
تەمشەلگەن ئىدى. ئۇلار شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىغا كەلگەندە،
ئىسيانچىلار بىلەن قوراللىق ئېلىشىپ، ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەي، بىر نەچچە
ئادەمنىڭ ئۆلۈش ھېسابىغا ئارقىغا چىكىنىشكە مەجبۇر بولدى. دۆلەتباغ
تەرەپتىن كەلگەن دېھقانلار سىلىڭبۇسىنىڭ ئادەملىرىمۇ ئۆزى ياسىغان ئاددى
قوراللار بىلەن، تۆشۈك دەرۋازا تەرەپتىن شەھەرگە كىرمەكچى بولغان ئىدى،
ئۇلارمۇ ئىسيانچىلارنىڭ توسۇپ زەربە بېرىشى بىلەى ئىلگىرىلىيەلمەي نۇرغۇن
ئادەمنىڭ ئۆلۈشى بەدىلىگە كەينىگە چىكىنگەن ئىدى. شەھەر يەنىلا
ئىسيانچىلارنىڭ قولىدا ئىدى. پەقەت شەھەرلىك پارتكوم بىناسىدىكىلەرلا
ئۆزىنى قوغداش جېڭى قىلىۋاتاتتى. ئىسيانچىلار بىنادىكەلەرگە
يېقىنلىشالمىغاندىن كېيىن، دەرھال بىنزىن قاچىلانغان ماشىنىنى ئېلىپ كېلىپ
بىنانىڭ ئىشىكىگە قارىتىپ، بىنزىن پۈركۈپ، ئارقىسىدىن ئوت يېقىشقا باشلىدى.
ئوت بىنانىڭ ئىشىكىگە بارا ـ بارا ئۇياق ـ بۇياققا تارالغىلى تۇردى، بىنزىن
ماشىنىسى تېخىمۇ يېقىنلاپ ، دەرىزە – كىشەكلەرگىچە بىنزىن پۈركۈپ ئوتنى
ئۇلغايتقىلى تۇردى. ئوت ئاسمان پەلەك كۆتۈرۈلدى. بىنانىڭ ئىچىدىكىلەر
ئوتنىڭ ئازابىغا چىدىماي، بىنانىڭ قەۋەت ـ قەۋەتلىرىدىن يەرگە قاراپ ئۆزىنى
تاشلىغىلى تۇردى. بەزىلىرى تېخىمۇ ھودۇقۇپ 3 – قەۋەتكە، ھەتتا ئۆگزىگىچە
چىقىپ بولالمىغاندا ئۆگزىدىن يەرگە قاراپ سەكرىگىلى تۇردى. نەچچە ئادەمنىڭ
پۇت ـ قوللىرى سۇنۇپ مېيىپ بولغانلىقىنى، نەچچىسىنىڭ شۇ مەيداندا
ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مەن تونۇيدىغان،
بەزىلىرى مەن بىلەن بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان ئادەملەر ئىدى. بىز خەخ
ئاجايىپ خەخلەر، ئادەم ئۆلەۋاتسا تاماشا كۆرىمىز دەپ نۇرغۇن ئادەم ئۇيەرگە
توپلاشقان ئىدى. بەزىلىرى ئولجا ئالىمىز دەپ، بىنانىڭ ئىچىدىكى گىلەم،
جوزا، بەندىڭ، ئۆي سايمانلىرىنى ئېلىپ ئۆيىگە توشۇپ، كېيىنكى ۋاقىتتا بىر
نەچچە يىللىق كېسىلىپ كەتكەنلىرىمۇ بولغان ئىدى. بىنا ئوت يالقۇنىدا كۆيۈپ
ئاسماننى قارا تۈتەك قاپلاپ كەتكەن ئىدى.
بىنانىڭ ئىچىدىن ساق چۈشكەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئىسيانچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ،
باغلىنىپ، نەلەرگىدۇر ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى، ئىش ئۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى، شۇ
كۈندىن باشلاپ كۆرگەنلا يەردە، ئوخشاش بولمىغان كۆزقاراشتىكىلەرنى تۇتۇپ،
ئۇرۇپ سوقۇپ جاجىسىنى بەردى. بەزىلىرى تاياق توقماقتىن قورقۇپ، بايانات
يىزىپ، مەن بۈگۈندىن باشلاپ 2 - سىلىڭبۇغا ئەزا بولۇپ كىردىم، كۆز
قارىشىمنى ئۆزگەرتتىم، دەپ ئىپادە بېرەتتى. ئىسيانچىلار ئەتىسىدىن باشلاپ،
پۈتۈن شەھەر بويىچە تۇت – تۇتنى باشلىۋەتتى، ئۇنىڭغا چىدىمىغان ۋاڭنى
قوغدايدىغان تەشكىلاتتىكىلەر شەھەرنى تاشلاپ يېڭىشەھەرگە قاراپ قاچقىلى
تۇردى، كېچە – كېچىلەپ، ئۆي ئۆيدىن تۇتۇش بولغانلىقى ئۈچۈن، شەھەردە ئادەم
ئاز قالغان ئىدى. 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى قەشقەر شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى
قېزىلنىڭ كۆۋرىكى، شەرقىي تۆشۈك دەرۋازىنىڭ كۆۋرىكى، شىمالى ياۋاغ كۆۋرىكى،
غەربىي توڭلىتىش ئىسكىلاتىنىڭ ئالدى تەرىپى بولۇپ، شەھەرگە كىرىش ئېغىزلىرى
تامامەن قامال قىلىنغان ئىدى. پاختا تايلىرى ۋە باشقا ئوق ئۆتمەيدىغان
قاتتىق نەرسىلەر بىلەن پوتەيلەر ياسالغان ئىدى. قىزىلنىڭ كۆۋرىكى «قىزىل 1-
رايون»، ياۋاغ كۆۋرىكى «قىزىل 2 - رايون» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ،
قاتتىق مۇداپىئە قىلىنغان ئىدى. شەھەرنىڭ تۆت دەرۋازىسى تاقاقلىق ئىدى،
كىرىش ـ چىقىش يوق ئىدى، ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ماشىنىلارمۇ شەھەرگە
كىرەلمەيتتى. ناھىيىلەردىن كەلگەن ماشىنىلارمۇ شەھەرگە كىرەلمەيتتى.
شەھەرگە قاراشلىق يېقىن يېزىدىكى دېھقانلارمۇ ئۆزىنىڭ يەرلىك
مەھسۇلاتلىرىنى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ ساتالماي، شەھەر سىرتىدىكى خالىي
رايوندا ساتاتتى. قەشقەر شەھىرىگە كىرىدىغان يارۋاغ كۆۋرىكىدە ئىسيانچىلار
قوراللىق تۇراتتى، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش ئۈچۈن قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش كېرەك
ئىدى، ئىسيانچىلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشى كۆۋرۈككە يېقىن يولۇقالمايتتى.
قەشقەر شەھىرى مۇھاسىرىگە چۈشكەنلىكتىن، ئاقسۇ بىلەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ
بېرىش ـ كېلىش ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ئىدى. قەشقەر شەھىرىنىڭ ھوقۇقى گەرچە
ئىسيانچىلارنىڭ قولىدا بولغان بولسىمۇ، شەھەر سىرتىدىكى ناھىيىلەرنىڭ
ھوقۇقى يەنىلا ۋاڭ ئېنماۋنى قوغدايدىغانلارنىڭ قولىدا ئىدى. سان جەھەتتىن
ۋاڭ ئېنماۋنى قوغدايدىغانلارنىڭ سانى ۋە ئەمەلى كۈچى جىق ئىدى. جەنۇبىي
شىنجاڭ ھەربىي رايونى ماھىيەتتە ۋاڭ ئېنماۋنى قوغدايدىغان تەشكىلاتنى
ياقلايتتى.
قورال بۇلاش ۋەقەسى
قەشقەر شەھىرى 2 - سىلىڭبۇنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ۋاڭ ئېنماۋنى
قوغدايدىغان تەرەپتىكىلەر قەشقەر شەھىرىدە تۇرالماي، يوشۇرۇن يوللار بىلەن
يېڭىشەھەرگە ئاقماقتا ئىدى. يېڭىشەھەرگە كەلگەن ئادەملەر ھەر قايسىسى ئۆز
تەۋەلىكىدىكى ئىدارە ـ ئورگانلارغا بېرىپ پانالىنىشقا باشلىغان ئىدى.
مەسىلەن: پارتىيە ھۆكۈمەت ئورنىدىكىلەر پارتكوم ھۆكۈمەت ئورگىنىغا، سودا
ئىدارىسىدىكىلەر سودا ئورۇنلىرىغا، قاتناش ـ ترانسپورت ئورۇنلىرى قاتناش
ئەترەتلىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشقان ئىدى. شەھەر ئاھالىلىرى ھەربىي رايوننىڭ 1
- ئاۋغۇست مەكتىپىگە كېلىپ ئورۇنلاشقان ئىدى. قەشقەر توقۇمىچىلىق
فابرىكىسىنىڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرىمۇ، 1 - ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپ
ئورۇنلاشقان ئىدى. ئادەم ئەڭ كۆپ ئورۇنلاشقان جاي ھەربىي رايون تەركىبىدىكى
يەرلەر بىلەن مەكتەپلەر ئىدى. يېمەك – ئىچمەكنى ھەر قايسى ناھىيىلەردىكى
ئوخشاش كۆز قاراشتىكى تەشكىلاتلار پىداكارلىق بىلەن ھەقسىز ئېلىپ كېلەتتى.
كىچىككىنە يېڭى شەھەر ناھىيىسى ئادەم دېڭىزىغا تولغان ئىدى. مەن دەسلەپتە
ئاخۇنوپنىڭ يېنىدا يېڭى شەھەر ناھىيىلىك تراكتور پونكىتىدا تۇرغان ئىدىم.
چۈنكى ئاخۇنوپ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ
باشلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆز قارمىقىدىكى يەرگە كېلىپ ئورۇنلاشقان ئىدى.
مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى، كېيىن ئۇيەردىن يۆتكېلىپ 1 - ئاۋغۇست ئوتتۇرا
مەكتىپىگە بېرىۋالغان ئىدىم.
8 -
ئاينىڭ 27 – كۈنى قەشقەردىكى ئەڭ ئاخىرقى قالدۇق قوشۇن، ئىسيانچىلار بىلەن
دۆڭۋاغ ئائىلىلەر قورۇسىدا ئېتىشىپ، رەسمىي قورال ـ ياراغ ئىشلەتكەنلىكى،
ئۇ ئۇرۇشتا 24 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 47 ئادەمنىڭ ئېغىر يارىدار بولغانلىقى،
173 ئادەمنىڭ ئۇلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كېتىلىپ، 8 ئادەمنىڭ مەيىپ بولغانلىق
خەۋىرى بىزگە يېتىپ كەلگەن ئىدى. 9 - ئاينىڭ 2 - ۋە 3 - كۈنلىرى دۆڭۋاغ
ئۇرۇشىدا ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ جەسىتى ئەتىسى ماشىنىغا بېسىپ كۆرگەزمە
قىلىندى. ھاۋانىڭ ئىسسىقىدا سېسىپ كەتكەن بۇ جەسەتلەر ئاخىرى كۆمۈۋېتىلدى.
ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان ئەڭ ئاخىرقى قىسىم يېڭىشەھەرگە كېلىشى بىلەن، قەشقەر
شەھىرىدىكى ئۇرۇشتا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ۋاڭ ئېنماۋنى قوغدايدىغان
قوشۇنلار بىرلىشىپ، قورال بۇلاشقا كىرىشمەكچى بولدى. ئەتىسى، يەنى 8 -
ئاينىڭ 28 - كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ قوراللىق قىسمىنىڭ قوراللىرى
بۇلىنىشقا باشلىدى، بۇ تەرتىپسىز قورال بۇلاشتا، ھەركىم قولىغا كەلگەننى
ئېلىشقا باشلىغان ئىدى، ناھىيىلىك قوراللىق قىسىم بازارنىڭ ئىچىدە بولغاچقا
يولدىن ئۆتكەن ئادەمنىڭ ھەممىسى بىردىن، ئىككىدىن قورالنى ئېلىپ كېتىشكىلى
تۇردى. ھەتتا شەھەرگە سەي – كۆكتات ساتقىلى كىرگەن، قوغۇن، تاۋوز ساتقىلى
كىرگەن دېھقانمۇ بىردىن قورالنى ئېلىپ سۈكۈنىگە بېسىپ كەتكىلى تۇرغان ئىدى،
مەن ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى كۆرسەم ھەممىسىنىڭ زاتورى يوق قوراللار ئىكەن.
قاقۋاشلار قورالنىڭ زاتورىنى باشقا يەردە، قورالنىڭ گەۋدىسىنى باشقا يەردە
ساقلىغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قوراللارنىڭ بىر تالمۇ ئوقى يوق ئىدى.
مەن ھە ھۇ بىلەن قورال ئېلىۋاتقانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، بىردەم قاراپ
تۇردۇم. ئىككى ئەسكەر قانداقتۇر ماۋزېدوڭ ئۈزۈندىلىرىنى ئوقۇپ ئۇلارنى
«قورال بۇلاش جىنايەت» دەپ تەنبىھ بېرىۋاتاتتى، خەخنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى
بولماي، گېپىگە پىسەن قىلماي داۋاملىق قورالنىڭ ياخشىسىنى ئىزدەپ ئېلىشقا
تىرىشاتتى. چېقىلغان ساندۇق، يەشىكلەرنىڭ كۆپلىكىدىن يەرگە دەسسەشمۇ
خەتەرلىك ئىدى. ئۇ تۈگىمەس قورال، بىر كېچە ـ كۈندۈز توشۇسىمۇ تۈگىمىدى،
ياكى ئادەمنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. مەن تاماق يەپ خېلى كەچ قايتا كەلسەممۇ
ئادەملەر قورال ئېلىشىۋاتقان ئىكەن.
ئەتىسى ئاخۇنوپ مەندىن بولغان ئەھۋاللارنى تەپسىلى سورىدى. كۆرگەنلىرىمنى
بىر ـ بىرلەپ ھېكايە قىلىپ بەردىم. ئەسكەرلەر قوراللىق توستىمۇ ؟ دەپ
سورىدى، مەن ئەسكەرلەر نەسىھەت قىلدى ـ يۇ، ئەمما قورال كۈچى ئىشلەتمىدى،
دېدىم.
ئېسىمدە قېلىشىچە 30 - ئاۋغۇست ئىدى. پۈتۈن يېڭىشەھەردىكى قاچاقلار
بىرلىشىپ، قەشقەرنى قايتۇرۋىلىش جېڭىگە ئاتلىنىپ يولغا چىققان ئىدى، بۇ
ئادەملەرنىڭ ئالدى قىزىلنىڭ كۆۋرىكىگە، كەينى تېخى شەھەردىن چىقىپ
بولالمىغان ئىدى، ئۆزىنى ئىسيانچىلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، سۆگەتنىڭ
چىۋىقىدىن سەللە توقۇپ بېشىغا كىيىشىۋالغان ئىدى. يېڭىشەھەر بىلەن
قەشقەرنىڭ ئارىسىدا سۆگەتلىك بار ئىدى، ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن سۆگەتنىڭ
گوستىڭىمۇ يېتىشمىگەن ئىدى. كۆپ ئادەمنىڭ قولىدا مەخپى قورال بار ئىدى. بىر
قىسىم ئادەملەرنىڭ قولىدا يەنىلا نەيزە بىلەن ئۇزۇن ياغاچقا تىڭىلغان
ئوغاقتەك قوراللار بار ئىدى. ئۆزلىرى ياسىۋالغان پارتلاتقۇچ بومبىلارمۇ بار
ئىدى. بىز قىزىل كۆۋرىكىگە يېقىنلىشىپ كەلدۇق. كۆۋرۈكنى ناھايىتى مۇستەھكەم
ساقلاۋاتقان ئىكەن. يېقىنلىشىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ قوراللىرىمۇ
كۈچلۈك ئىدى. دەريانىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى بىلەن بۆسۈپ ئۆتۈشكە بىر قىسىم
پىيادىلەر ماڭدى، توساتتىن ئۇلارنىڭ ئۆلگەنلىكى بايقالدى، ئۇلار دەرياغا
كىرىشى بىلەن يۇقىرى بېسىملىق توكنى سۇغا قويىۋەتكەن ئىكەن. دەريانىڭ باش
ئېقىمىغىمۇ توك ئۇلانغانلىقى مەلۇم بولدى، شۇ ئەسنادا يىراقتىن بىر -
بىرىمىز بىلەن كۆرە - كۆرمەي ئوق چىقىرىشقا باشلىدۇق، ئوق ئاۋازى جاھاننى
بىر ئالغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئاتقان ئوقىدىن ئۇلارنىڭ قوراللىرىنىڭ سەر خىل
ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدۇق. بىر مەزگىل ئىتىشۋازلىق بولغاندىن كېيىن،
ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىن باشلىقلار كېلپ
نەسىھەت بىلەن توسقىلى تۇردى، بىز جاھىللىق قىلىپ قايتمىدۇق، ھەربىيلەر
يالۋارغىلى تۇردى. ئاخشىمى كەچ بولۇپ كەتتى، ئۇرۇش توختىمىدى، بىزنىڭ
ئادەملىرىمىز ناھايىتى كۆپ ئىدى، ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىر مەسىلە ئىدى.
ئامالسىزلىقتىن چىكىنىشكە مەجبۇر بولدۇق.
شۇ
كۈنلەردە قەشقەر شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردىمۇ كالتە جەڭلەر ئۈزلۈكسىز
بولۇپ تۇرغان ئىدى. قەشقەر شەھىرىگە قاراشلىق شامالباغ يېزىسىدىكى ئابلا
ئاۋۇت باشچىلىقىدىكى دېھقانلار سىلىڭبۇسى، 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قايتارما
ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۆزىگە خوشنا بولغان قەشقەر ۋىلايەتلىك يىپەك زاۋۇتىغا
ھۇجۇم قىلغان ئىكەن، دېھقانلار يىپەك زاۋوتىنى ھەش – پەش دېگۈچە ئىشغال
قىلىپ، ئۇلارنىڭ قورال ـ ياراغلىرىنى تارتىپ ئالغان ئىكەن. تۇرسۇن ئىسىملىك
بىرسى قورال تاپشۇرۇشقا قارشىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى دېھقانلار ئۇرۇپ
ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىكەن. بۇ خەۋەر بىزگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، كۆڭلىمىز
ناھايىتى ئۈزۈلدى، دەرھال ئالاقە ئەۋەتىپ مۇندىن كېيىن ئۇنداق ئىشلارنىڭ
تەكرار يۈز بەرمەسلىكى ھەققىدە نەسىھەت قىلدۇق، كېيىن ئارىدىن بىر قانچە
يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇرسۇننىڭ ئۆلۈم بەدىلىگە ئابلا ئاۋۇت 20 يىل قاماق
جازاسىغا مەھكوم قىلىنغان ئىدى.
ياخشى پۇرسەت
ئۇرۇشلار ھەر كۈنى دېگۈدەك بولۇپ تۇراتتى. يوللار تاقاقلىق، كىرىپ ـ چىقىش
يوق، قەشقەر شەھىرى قاتمۇ قات مۇھاسىرە ئىچىدە تۇراتتى. بىز قەشقەر
شەھىرىدىن چىققانلار، شەھەرگە كىرەلمىگەن بىلەن، ۋىلايەتنىڭ باشقا
ناھىيىلىرىگە بىمالال بېرىپ كېلەلەيتتۇق، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،
تەشۋىقات ئۆمىكى تەشكىللەپ، ناھىيە – ناھىيىلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ كۈچ
تەشكىللەپ، قوشۇن زورايتىش خىزمىتىگە ئادەم ئەۋەتىدىغان بولدى. مەن بىر
ئۆمەكنىڭ تەركىبىدە، بىر قىسىم ئادەملەرنى ئېلىپ پەيزاۋات، مارالبېشى،
يوپۇرغا ناھىيىسىگە بارىدىغان بولدۇم.
بىز
بىلەن بىللە بىر توپ كېسەل، ئۇرۇشتا جاراھەتلەنگەن كىشىلەرمۇ بار ئىدى،
بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى شەھەرلىك پارتكوم بىناسىدا ئوت يالقۇنىدا جاراھەتلەنگەن
مەجرۇھلار ئىدى، بىز ئۇلارنى دەسمى قىلىپ، بارغانلا يەردە خەلقنى قوراللىق
كۈرەشكە ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلاتتۇق. ماڭا سۆزلەش نۆۋىتى كەلگەندە،
نوقتىلىق ھالدا، يېڭىشەھەردە يۈز بەرگەن قورال بۇلاشتىكى ئىشلارنى تەسىرلىك
قىلىپ، كۆرگەنلىرىمنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرەتتىم. مارالبېشى ناھىيىسىگە
بارغاندا بىز ناھىيىلىك مىھمانخانىغا چۈشكەن ئىدۇق، ئانچە چوڭ بولمىغان
مىھمانخانا، بىز بىلەنلا توشۇپ كەتكەن ئىدى، كۈندۈزى تەكلىپ قىلغان يەرگە
بېرىپ، قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتى، مۇندىن كىينكى كۈرەش، نېمىلەرنى قىلىشنىڭ
كېرەكلىكى ھەققىدە سۆزلەيتتۇق، ئاڭلىغۇچىلار كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكتىن،
خىتايلارغا ئايرىم، ئۇيغۇرلارغا ئايرىم تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان بولدۇق.
مارالبېشىغا بارغان 2 – ئاخشىمى مەن بىر توپ ئادەملەرگە قەشقەرنىڭ
نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە مۇندىن كېيىنكى كۆرەش سىتراگىيىمىز دېگەن تېمىدا سۆز
قىلدىم، سۆز ئارىلىقىدا: «ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشى تەلىم بېرىپ، مىلتىقتىن
ھاكىمىيەت چىقىدۇ، دېگەن، بىزدە قورال بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ۋەتىنىمزنى
تارتتۇرۇپ قويۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ۋەتىنىگە ئىگە بولالماي مۇشۇ كۈنگە قالدۇق»
دېسەم، ئالدىمدا يېقىن ئولتۇرغان بىرسى مېنىڭ گېپىمنىڭ مەنىسىگە چۈشەندى
بولغاي، روھى ھالىتىدە ھەم جىددىيلىك ھەم تەمتىرەشلىكتەك بىر ئالامەتنىڭ
بولىۋاتقانلىقىنى سېزىۋالدىم، دەرھال گەپنى ئەگىتىپ، بىز ۋەتىمىز يەنى
يۇرتىمىز قەشقەرنى قايتۇرىۋىلىش ئۈچۈن چوڭ يېتەرلىك قورالغا ئىگە بولىشىمىز
لازىم....دەپ ئۆتۈپ كەتتىم، قالغانلىرى مېنىڭ گېپىمنى چۈشەنمىگەن ئىدى. مەن
ئۆز ئۆزۈمدىن ھەي! ئوسۇلۇقنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، كەتمەنگە نان چىلاپ يېگەن
سەھرالىقلار، سەنلەر تېخى ھەرقايسىڭ ئۆزۈڭچە ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ
باشلىقلىرى... دەپ، نەپرەتلەنگەن ھالدا كايىپ قويغان ئىدىم. يىغىن
تۈگىگەندىن كېيىن، ھېلىقى مېنىڭ گېپىمنىڭ تىگى - تەكتىنى چۈشەنگەن ئاداش،
مەن بۈگۈن سىللىنى ئۆيۈمگە چاقىرىپ بىر ئولتۇرۇش قىلىپ بېرەي، بىزنىڭ
يۇرتتا نى ـ نى ناخشىچى، دۇتتارچى پەيزى بار ئادەملەر بار، مۈمكىن بولسا
بىزنىڭكىگە مەرھەمەت دەپ تۇرىۋالدى، ئۇنىڭ مېنى نېمە ئۈچۈن ئۆيىگە
چاقىرىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلغان ئىدىم. مەن يالغاندىن بانا
كۆرسىتىپ، بۈگۈن ئاخشام بىزدىن ھال سورىغىلى ھاۋا ئەرمىيە بازىسىدىكىلەر
كەلمەكچى ئىدى، ئاللىبۇرۇن دېيىشىپ قويغان، شۇ يەرگە بارمىسام بولمايدۇ،
تېخى نى ـ نى ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا كېلىۋاتىدۇ، پۇرسەت چىقىپ قالسا
كۆرىشەرمىز، بىز يېڭىشەھەردە تۇرىمىز، ۋاختىڭىز يەتسە يوقلاپ بېرىڭ، كېمىنى
شۇ يەردە تولۇقلىۋالارمىز... دەپ تەكەللۇپ قىلىپ ئۇنۇمىغان ئدىم، ئەسلىدە
ھاۋا ئارمىيسىدىكىلەر بىزنى يوقلاپ كەلمەيتتى، ئۇنداق پائالىيەتمۇ يوق
ئىدى، مەن ئۇنىڭغا مەقسەتلىك ھالدا، ناھىيىگە يېقىن شامال دېگەن جايدا
ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بازىسى بار، ئۇلاردا قورال بار! دېگەن پاسنى بەرمەكچى
ئىدىم. مارالبېشىدا ئۈچ كۈندەك تۇرۇپ يۈرۈپ كەتتۇق، ئۇلار بىزنى ئۇزىتىش
ئۈچۈن ماشىنا - ماشىنىغا قوي، كالا، ئۇن – گۇرۇج، ئوتياش، سەۋزە، چامغۇ،
ھەتتا بىر ماشىنا يۇلغۇننىڭ كۆتىكى قاتارلىق سوۋغات ھازىرلاپ يولغا سالدى.
بىز ئۇلارنىڭ ماشىنىسى بىلەن ئاتۇشنىڭ قىزىل بايراق دېگەن يېرىگىچە بېرىپ،
پەيزاۋاتقا يۈرۈپ كەتتۇق. ماشىنىدىكى يۈكلەر بىزنىڭ كۆرسەتمىمىز بويىچە
يېڭىشەھەرگە بىزنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات باشقارمىمىزغا كەتتى.
ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپ، پەيلۇ مەيدانىدىكى ۋاختىمدا، بىزنىڭ ئەترەتكە
مارالبېشىدىن بىر تۈركۈم جىنايەتچىلەرنى ئېلىپ كەلدى، بارا ـ بارا ئۇلار
بىلەن تونۇشۇپ قالدۇق ھەم چىقىشىپ قالدۇق، ئۇلارنىڭ ئالدى 20 يىل، ئەڭ
ئاخىرى سەككىز يىل كېسىلىپ كەلگەن ئەزىمەتلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدن
يۇسۇف قارى دېگىنى مېنى تونۇۋاپتۇ، بىر كۈنى شۇ ۋاقىتتا مارالبېشىدا قىلغان
سۆزۈمنى ئەسلەپ، «بىزمۇ يوقىلاڭ بىر ئىشلارنى قىلىپ، يەنە سىلە بار يەرگە
كەلدۇق، شۇ چاغدا راس گەپنى قىلغان بولسىلىرى، سىلە بىلەن بىزمۇ چوڭ جەڭدە
بىللە بولمامتۇق، بىز مەكىتتىكىلەردەك گال ئەمەستۇق، ھايت دېگۈچە سىلە
بۇيرىغان يەرگە ئۈنەتتۇق»..... دەپ قىزىپ كەتكەن ئىدى، مەن ئۇلار بىلەن بىر
قانچە يىل بىللە بولغان ئىدىم. ئۇلار ھەقىقەتەن ئەزىمەتلەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ
ئىش ـ ئىزلىرىنى خۇدا بۇيرىسا بىر يازسام دەيمەن.
بىز
قايسى ناھىيىگە بارساق، بىزنىڭ تەشۋىقاتىمىز تۈگە ـ تۈگىمەستىن، خەلق
قوزغىلىپ، كوچىلارغا چىقىپ قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ، ئۇچرىغان ھەربىينىڭ،
زاۋوتلاردىكى ساقچىلارنىڭ قوراللىرى بۇلىنىشقا باشلىناتتى. كوچىدا ۋەزىپە
ئۆتەۋاتقان بىر قانچە ھەربىي رايوننىڭ پاترونلىرىنىڭ قوراللىرى، خەلق
تەرىپىدىن تارتىپ ئېلىنغاندىن كېيىن، پاترونلار كېينكى ۋاقىتتا قورال
ئاسماي، پاترون بەلگىسىنى تاقاپ كوچىغا چىقىدىغان بولغان، بۇ ۋەقە
مارالبېشىدا ناھايىتى تېز ئەۋج ئالغان ئىدى. بىزنىڭ تەشۋىقاتىمىز نىڭ
ئايىغى تېخى ئۈزۈلمەي تۇرۇپ مارالبېشى ناھىيىسىدە بىر كېچىدىلا غايەت چوڭ
ئۆزگىرىش بولغان ئىدى. خەلق بۇلايدىغاننى بۇلاپ، (قورال بۇلاش، باشقا
نەرسىلەرگە چىقىلمايتتى) ناھىيە بازىرىدا چوڭ ئىنقىلاب باشلىنىپ كەتكەن
ئىدى. كۆزگە كۆرۈنگەن قوراللارنىڭ ھەممىسى خەلق قولىغا ئۆتۈپ بولغان ئىدى،
بۇ ھەرىكەت بارا – بار كېڭىيىپ، سېرىق بويا، چوڭقۇچاق، يېڭى ئۆستەڭ، ئاۋات
قاتارلىق يېزىلارغىمۇ تارالغان ئىدى.
پەيزاۋات، يوپۇرغا ناھىيىلىرىدىمۇ دېھقانلار ھەرىكەتكە كېلىپ، قوراللىنىپ،
ئۆزلىرىنىڭ «قەلەم بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئەلەم بىلەن قوغدىنىش سىلىڭبۇ»
لىرىنى كەينى – كەينىدىن قۇرۇشقان ئىدى. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن «ماۋجۇشىنىڭ
ئىنقىلابىي لۇشەنىنى جان تىكىپ قوغداپ، ۋاڭ ئېنماۋنى قوغداپ قالماقچى»
ئىدى. مەن پەيزاۋاتتا يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدە توختالمايمەن، بۇ يەنىلا
سىر بولۇپ قالسۇن، پەيزاۋات مېنىڭ ئەسلى يۇرتۇم ئىدى، مېنىڭ دادا
جەمەتىمنىڭ ھەممىسى ھېلىمۇ پەيزاۋاتتا، مەن پەيزاۋات ناھىيىلىك پارتكومدا
خزمەت قىلغان ئىدىم، ناھىيىنىڭ ھاكىمىدىن تارتىپ، پۇقراغىچە ھەممىسى
دېگۈدەك مېنى بىلەتتى ۋە چۈشىنەتتى، مەن پەيزاۋاتقا بارغاندا، خەلق بىزنى
ناھايىتى داغدۇغا بىلەن قىزغىن كۈتۈۋالدى، كىنوخانىنىڭ زالىدا، ناھىيىلىك
پارتكومنىڭ قورۇسىدا، كەينى – كەينىدىن، ئۈزۈلمەي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلدى،
يارىدارلار كۆرگەزمە قىلىندى. ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقاتنى
قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەرجىمانى بولغان رۇقىيە خانىم قىلدى، مەن
پەقەت يېقىنلىرىم بىلەن ئۇيەر – بۇ يەردە پىچىر – پىچىر پارىڭىمىزنى قىلىپ،
ئۆزىمىزنىڭ «ئىشى» بىلەن بولدۇق. قايتىشىمىزدا ناھىيە خەلقى ناھايىتى كۆپ
كيىم كىچەك، يېمەك ـ ئىچمەك.... ھازىرلاپ ئۇزىتىپ قويدى، يوپۇرغا
ناھىيىسىمۇ ئوخشاشلا بىزنى كۈتۈۋالدى، مىھمان قىلدى، ئۇلارمۇ نۇرغۇن سوۋغا
ـ سالاملار بىلەن بىزنى ئۇزىتىپ قويدى....
چوڭ
بىرلىشىش
قىسقا مۇددەت ئىچىدە، ناھىيىلەردىكى خىزمەتلەر تەرتىپكە سېلنىپ، ھەر قايسى
ناھىيىلەر يېڭىشەھەرگە مەرگەزلىشىپ، قوشۇن زورايغاندىن كېيىن، ۋىلايەت
بويىچە بىرلىككە كەلگەن بىر تەشكىلى ئاپپارات قۇرۇش تەقەززاسى تۇغۇلغان
ئىدى. جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ رىياساتچىلىكى بىلەن، يېڭىشەھەرگە
توپلانغان ھەر قايسى ناھىيىلەردىكى تەشكىلاتلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، 14
سىلىڭبۇدىن تەركىب تاپقان «قەشقەر ۋىلايەتلىك پۇرولتارىيات ئىنقىلابچىلىرى
بىرلەشمە كومىتىتى» قۇرۇلدى، بۇ تەشكىلاتنى كېيىنچە قىسقارتىپ، بىرلەشمە
كومىتىت دەيدىغان بولغان ئىدۇق. بۇ تەشكىلات تۆت چوڭ سىستېمىدىن تەشكىل
تاپقان بولغاچقا، تۆت چوڭ سىستېمىدىن سايلانغان ۋەكىللەر بۇ كومىتىتتا ئىش
بىجىرەتتى.
بۇلار:
ئىشچىلار سىستېمىسى
مالىيە – سودا سىستېمىسى
ئوقۇغۇچىلار سىستېمىسى
دېھقانلار سىستېمىسى
مەن
مالىيە ـ سودا سىستېمىسىدا ئىشلەيدىغان كادىر بولغانلىقىم ئۈچۈن ، مالىيە ـ
سودا سىستېمىسىدىن ۋەكىللىككە سايلىنىپ، بىرلەشمە كومىتىتقا ئىشقا
تەيىنلەنگەن ئىدىم. بىرلەشمە كومىتىتنىڭ ئىچىدە بىرقانچە بۆلۈملەر تەسىس
قىلىنغان بولۇپ، ئاشلىق ئىدارىسىدىن سايلىنىپ كەلگەن ۋەكىل ياڭ بىلەن
ئىككىمىز «قەلەم بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئەلەم بىلەن قوغدىنىش بۆلۈمى» گە
مەسئۇل بولدۇق. بۇ بۆلۈم پۈتۈن بىرلەشمە كومىتىتنىڭ جېنى ئىدى. بىرلەشمە
كومىتىت تەركىبىدىكى قورال ياراغ، ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ
قۇماندانلىقىمىز بويىچە بىجىرىلەتتى. ياڭ كېيىنكى ۋاقىتتا قەشقەردە
ئىنقىلابىي كومىتىت قۇرۇلغاندا، مۇئاۋىن مۇدىر بولۇپ، بىز تەرەپتىن
كۆرسىتىلگەن ئىدى. چۈنكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە
قەشقەرنىڭ ھوقۇقىنى قەشقەردىكى تۆت چوڭ تەشكىلات بىرلىشىپ باشقۇرغان ئىدى،
ياڭمۇ بىر قانچە يىل مۇئاۋىن ۋالى بولۇپ ھوقۇق سۈرۈپ، ئاخىرى يەنە ئۆز
ئىدارىسىغا بېرىپ ئەسلىدىكى ئىشىنى قىلغان ئىدى.
يېڭىشەھەردىكى 14 سىلىڭبۇ بىرلىشىپ، بىرلەشمە كومىتىتنى قۇرغاندىن كېيىن،
بىر كاتتا مۇراسىم ئېچىپ، داغدۇغا قوزغاپ، مۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى
قانداق ئىشلەش ھەققىدە قەسەمياد يىغىنى ئېچىشنى قارارقىلغان ئىدى. بۇ
يىغىنغا يېڭىشەھەردىكى پۈتۈن شەھەر ئاھالىسى، ھەرقايسى ناھىيىلەردىن كەلگەن
ۋەكىللەر، قەشقەردىن قېچىپ چىققان بارلىق ئادەملەر قاتناشقان ئىدى،
يىغىننىڭ رىياسەتچىلىكىگە جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايوننىڭ مۇئاۋىن
كوممىسارى لى بىن تەيىنلەنگەن ئىدى، يىغىن نەچچە كۈن بۇرۇن پۇختا
تەييارلىق قىلىنىپ، ئەتراپنى قورال كۈچى بىلەن ياخشى مۇھاپىزەت قىلىپ
ئاندىن ئېچىلغان ئىدى. سۆزگە چىقىدىغانلارنىڭ سۆز تىكىستى، ئالدى بىلەن
جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايون، سىياسى بۆلۈمىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتگۈزۈلۈپ
ئاندىن سۆزلىشى، سۆزگە چىقىدىغانلار چوقۇم بىرلەشمە كومىتىتنىڭ خىزمەت
خادىملىرى بولىشى كېرەك دەيدىغان پەتىۋانى چىقارغان ئىدى. مەن مالىيە ـ
سودا سىستېمىسىغا ۋاكالىتەن سۆزلەيدىغان بولدۇم، سۆز تىكىستى ئاللىبۇرۇن
ئۇلار تەرىپىدىن يېزىلىپ ھازىرلانغان ئىدى، بىر كۈن بۇرۇن سۆز تىكىستىنى
ماڭا بەردى، يىغىن ھەربىي رايوننىڭ زىنت توپچىلار مەشق مەيدانىدا
ئېچىلىدىغان بولغان. يىغىنغا 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىدۇ، دەپ ئالدىن
مۆلچەرلەنگەن ئىدى. يىغىن ھەقىقەتەن كاتتا يىغىن ئىدى. يىغىنغا تەەرپ –
تەرەپتىن ئادەملەر كېلىپ ئورۇنلاشقىلى تۇردى، يىغىن مەيدانى ئادەم توپىغا
لىق تولدى. يىغىننىڭ بىخەتەر ئېچىلىشى ئۈچۈن ھەربىي رايون تەرىپىدىن
قوراللىق قوغدىنىلدى. يىغىن مەيدانىغا ياسالغان رەئىس مۇنبىرىنىڭ ئۈستىگە
«قەشقەر ۋىلايەتلىك پۇرولتارىيات ئىنقىلابچىلىرى بىرلەشمە كومىتىتنىڭ،
ماۋجۇشى لۇشەنىنى ئاداققىچە قوغداش قەسەمياد چوڭ يىغىنى» دەپ خىتايچە خەت
يېزىلغان ئىدى. نېمە ئۈچۈندۇر ئۇيغۇر يىزىقىدا خەت يېزىلمىغان ئىدى. يىغىن
باشلاندى، ھەربىي رايوننىڭ كوممىسارى ئېچىلىش مۇراسىم سۆزى قىلدى. ئۇنىڭ
كەينىدىن ئىشچىلار ۋەكىلى، ئۇنىڭ كەينىدىن دېھقانلار ۋەكىلى، ئۇنىڭ
كەينىدىن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى سۆزقىلدى. ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ ھەممىسى خىتايچە
بولغانلىقتىن، باشلىنىشى ھەيۋەتلىك بولغان يىغىن بىردەمدىلا يىپ بازىرىغا
ئايلىنىپ كەتتى. ئادەملەر ئۇلارنىڭ نېمە دېگىنىنى بىلمەي زىرىككەن ئىدى.
ئەمما يىغىن مەيدانىدىن ھېچ كىم ئۆز ئىختىيارىچە چىقىپ كېتىشى مۈمكىن ئەمەس
ئىدى. سۆز نۆۋىتى ماڭا كەلدى. مەن رەئىس مۈنبىرىگە چىقىپ ئۇدۇل مىكروپوننىڭ
ئالدىغا كېلىپ، ئىككى ئالى يوليورۇقنى ئوقۇپلا، سۆز تىكىستىنى ئۇيغۇرچە
ئوقۇغىلى تۇردۇم، ھەممە تىمتاس بولۇپ، مېنىڭ سۆزۈمنى نېمە ئۈچۈنكى ئىخلاس
بىلەن ئاڭلىدى. ئەسلىدە سۆزگە چىققان ئادەم ئالدى بىلەن، رەئىس مۇنبىرىگە
چىقىپ ماۋزېدۇڭنىڭ رەسىمىگە قاراپ ئۈچ قېتىم تازىم قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن
رەئىس مۇنبىرىدىكى باشلىقلارغا تازىم قىلىپ، ئاندىن پەستە ئولتۇرغان ئادەم
توپىغا تازىم قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن «ئالدى بىلەن ھەممىمىز بىرلىكتە ئۇلۇغ
داھىمىز، ئۇلۇغ ئۇستازىمىز، ئۇلۇغ قۇماندانىمىز، ئۇلۇغ رولچىمىز،
قەلبىمىزدىكى مەنگۈ پاتماس قىزىل قۇياش ماۋجۇشىغا چەكسىز ئۇزۇن ئۆمۈر
تىلەيمىز!چەكسىز ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز! ماۋجۇشىنىڭ ئەڭ يېقىن سەپدىشى
قەدىردان فۇ توڭشۇئەي (مۇئاۋىن قۇماندان) لىن بىياۋنىڭ تېنى ساغلام، ئۇزۇن
ئۆمۈر كۆرسۇن!» دەپ تەكەللۇپ سۆزىنى دېيىشىم كېرەك ئىدى، بولۇپمۇ چەكسىز
ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز ! دېگەندە، رەئىس سەھنىسىدىكى ۋە پەستە ئولتۇرغان
ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ماڭا ئەگىشىپ، چەكسىز ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز، دېيىشى
شەرت ئىدى، مەن ئۇنداق قىلمىغان ئىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندە ئولتۇرغان خەلق
بۇ ئىشتىن ھەيران بولۇپ، ھاڭ ـ تاڭ بولۇشۇپ قالغان ئىدى، ئىككىنچىدىن،
يىغىن باشتىن ـ ئاياغ خىتايچە سۆزلەنگەن ۋە باشقۇرۇلغان بولغانلىقى ئۈچۈن،
يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۇيغۇرلار ئىدى. مېنىڭ سۆزۈمدىن
بۈگۈنكى يىغىننىڭ نېمە مەقسەتتە ئېچىلغانلىقىنى ئاندىن بىلگەن ئىدى. مەن
سۆز تىكىستىنى بىر كۈن بۇرۇن كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، تەمكىنلىك بىلەن
ئالدىرىماي تەرجىمە قىلىپ ئوقۇپ بەرگەن ئىدىم. ئوقۇپ تۈگىتىپلا، سۆز
تىكىستىنى رىياسەتچى لى بىن غا بېرىپ، ئالدى ـ كەينىمگە قارىماي رەئىس
سەھنىسىدىن چۈشۈپ، پەستە ئولتۇرغانلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ ئولتۇردۇم.
ئەسلىدە سۆز تۈگىگەندىن كېيىن سۆز تىكىستىنى يىغىن رىياسەتچىسىگە تاپشۇرۇپ
بېرىپ، رەئىس سەھنىسىدىكى ئورنۇمغا بېرىپ ئولتۇرۇشۇم كېرەك ئىدى، بۇ ئىش
ھەممىنى تېخىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرغان ئىدى، يىغىندىن كېيىن ھەربىي رايون
سىياسى باشقارمىنىڭ بىر كادىرى مېنى ئاتايىتەن چاقىرىپ، نېمە ئۈچۈن
يۇقىرىقى رەسمىيەت تەكەللۇپىنى قىلمىغانلىقىمنى سورىدى. مەن ھېچ قانداق
ئىككىلەنمەستىنلا، «مەن ئۇنداق چوڭ يىغىنغا چىقىپ سۆز قىلىپ باقمىغان
ئىكەنمەن، سەھنىگە چىقىپلا، ھەممە يېرىم قارا تەرگە چۈمۈلۈپ كەتتى، ھەممە
ئادەم ماڭا قارىغاندەك بولۇپ، ھودۇقۇپ كەتتىم، نېمە قىلىشىمنى بىلمەي
ئاران – ئاران، تەمتىرەپ سۆزنى تۈگىتىپ قېچىپ چۈشتۈم» دېدىم، كۆپ ئادەم
مەندىن تەكرار سورىدى، ھەممىسىگە ئوخشاش تەلەپپۇزدا جاۋاب بەردىم. لېكىن
ماڭا چىكىت ئۇرۇلغان ئىدى، چۈنكى ئۇ زامانلاردا قەشقەردىكى چوڭ ـ كىچىك
يىغىنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەرجىمانلىقى ماڭا يۈكلەنگەن ئىدى، كونا
تەرجىمانلار قارا يىپ، گومىنداڭنىڭ قالدۇقى، ۋاھاكازا دەپ تارتىپ
چىقىرىلىپ، قەشقەرنىڭ تەرجىمانلىقى ماڭا بەخشەندە بولۇپ قالغان ئىدى.
سەھنىگە چىقىپ سۆزلەش بىرىنچى قېتىم ئەمەس ئىدى. شۇ ۋەجىدىن نېمە دېگەن
بىلەن ئۇلارنى ئاسان قايىل قىلغىلى بولمايتتى. ئەتىسى ئاخۇنوپ چاقىرىپ
قاتتىق كايىغان ئىدى، مەن: «ئادەم ھامان بىركۈن ئۆلىدۇ، ئۇنداق پۇرسەت ماڭا
بىر كەلدى، ئىككىنچى ھايات تارىخىمدا قايتا كەلمەيدۇ، نېمىلا بولمىسۇن، مەن
ئۆزۈمنى بىر تونۇتۇپ قويدۇم!» دېسەم، چوڭ ئىشقا تەسىرى بولمىسىلا
مەيلىتتىغۇ! دەپ خاپا بولغان ئىدى، ئارىدىن 10 نەچچە يىل ئۆتۈپ، مەرھۇم
تۇردى ئەلىدىن مۇنداق ئاڭلىغان ئىدىم، ئاخۇنوپ: «ئۇنىڭ قولىدىن ھەر بالا
كېلىدىكەن، ھېچ نېمىدىن قورقمايدىكەن، مەن بەكلا ئەنسىرىگەن ئىدىم. ئەمما
ئۇ ئۆزى جايىدا جاۋاب بېرىپ ئۆزىنىڭ پوقىنى ئۆزى تۈگەتتى» دېگەن ئىكەن.
چۈنكى ئۇ زامانلاردا بىر ئېغىز گەپكە يا ئۆلۈم جازاسى يا مۇددەتسىز قاماق
جازاسى بېرىلەتتى. ماۋزېدوڭنى تىللاپ قويۇپ، ياكى ماۋزېدوڭنىڭ رەسىمى بار
گېزىت، ژۇرناللارنى يىرتىپ قويۇپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۇچرىغانلار
كۈرمىڭ ئىدى.
15 ،
10 كېلىشىمى
1967
- يىلى 10 – ئاينىڭ 13 - كۈنى كېچىدە باش مىنىستېر جۇئىنلەينىڭ قەشقەر
ئىسيانچىلىرىغا... «دەرھال توسۇقنى ئىلىۋېتىپ يوللارنى راۋانلاشتۇرۇڭلا!»
دېگەن يوليورۇقى كەلگەن ئىدى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان جەنۇبىي شىنجاڭ
ھەربىي رايوننىڭ چوڭ ـ كىچىك ئەمەلدارلىرى ئالدىراپ تىنەپ، ھاسىراپ
تەرەپلەرنىڭ قوراللىرىنى بىر يەرگە يىغىپ چوڭ بىرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،
يوللارنى ئىچىۋېتىشكە سەپەرۋەر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى كۈن تالاش ـ
تارتىش قىلىش بىلەن مۇزاكىرە نەتىجىسىدە يوللار ئېچىۋىتىلدى. 1967 - يىل 10
- ئاينىڭ 15 - كۈنى قەشقەر تارىخىدىكى خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان چوڭ بىر
كۈن. شۇ كۈنى قەشقەر شەھىرى بىلەن باشقا ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ كەلدى ـ
باردىسى ئەسلىگە كېلىپ، توسۇقلار ئېلىپ تاشلىنىپ، يوللار راۋانلاشتۇرۇلغان
كۈن ئىدى. ئۈرۈمچىىدىن كېلىپ خوتەنگە بارىدىغان مىڭلاپ ماشىنا،
سۇغۇنچازىدىن باشلاپ، ئاتۇشنىڭ يوللىرىدا، قەشقەر شەھىرىگە كىرەلمەي
ياتقىلى نەچچە ئايلار بولغان ئىدى، خوتەن، يەكەندىن كېلىپ، ئۈرۈمچىىگە
قايتالماي، يېڭىشەھەر بىلەن يەكەن ئارىلىقىدا تۇرۇپ قالغان ماشىنىلارنىڭ
ھېسابى يوق ئىدى. قىسقىسى جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ مۇناسىىۋىتى بىر مەزگىل
توختاپلا قالغان ئىدى.
يېڭىشەھەرگە توپلانغان قاچاقلار بىلەن شەھەر ئىچىدىكىلەرنىڭ زىددىيىتى
كۈنسايىن يامانلىشىپ، پۈتۈن قاتناش يوللىرى قامىلىپ كىرىش ـ چېقىش
توختىغىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى، بۇ دۈشمەنلىك ھالىتىدە تۇرغان تەرەپلەرنى
مۇرەسسە قىلىش ئۈچۈن، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايون بىلەن ئالاقىدار
تارماقلار ئارىغا چۈشۈپ، نەچچە كۈنلۈك تالاش ـ تارتىش نەتىجىسىدە 10 -
ئاينىڭ 15 - كۈنى بىر كېلىشىم ھازىرلىغان ئىدى،كېلىشىمنىڭ ئاساسى مەزمۇنى:
پۈتۈن توسۇقلارنى بىكار قىلىپ، يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش، تەرەپلەر ئۆزىدە
بار قوراللارنى شۇ پېتى پىچەتلەپ ساقلاش، دۈشمەنلىشىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ،
ئوق چىقارماسلىق، ھەرقايسي ئىدارىدىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئۆز ئىش ئورنىغا
قايتىش، قايتىپ كەلگەنلەرنى كەمسىتمەسلىك، ھاقارەتلىمەسلىك، تۇتۇپ قېلىنغان
ئىش ھەققىنى تولۇقلاپ بېرىش..... دېگەندەك مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 10
- ئاينىڭ 15 – كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دا يوللاردا قاتناشنىڭ نورماللىشىشىغا
ھەر ئىككى تەرەپ كاپالەتلىك قىلغان ئىدى. شەھەردىن ماشنا - ماشىنىدا
ئادەملەر ئۇرۇق تۇغقان يار ـ بۇرادەرلىرىنى يوقلاپ يېڭىشەھەرگە كەلگىلى
تۇردى، يېڭىشەھەردىكىلەر شەھەرگە كىرىشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن قەشقەرنىڭ
ۋەزىيىتى بىر نەچچە كۈن قورال – ياراغ ئاۋازى ئاڭلانماي تىنچ ئۆتتى، بىزمۇ
يېڭىشەرنى تاشلاپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىدارىسى تەۋەلىكىدىكى، شەھەر ئەتراپىدىكى
جايلارغا بېرىپ ئورۇنلاشتۇق، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار،
مەكتەپلەر يەنىلا بىزنىڭ تايانچى پونكىتلىرىمىز ئىدى، گەرچە كېلىشىمدە
قورال ئىشلەتمەسلىك دېيىلگەن بولسىمۇ، 3 كۈندىن كېيىن يەنىلا قورال ئاۋازى
ئاڭلىنىشقا باشلىدى. كېچە ـ كېچىلەپ گۈمبۈر گۈم، توپنىڭ ئاۋازى،
زەمبىرەكنىڭ ئاۋازى، پىلىمۇتنىڭ ئاۋازى نەلەردىندۇر ئاڭلىناتتى، تەرەپلەر
شەھەرگە توپلاشقاندىن كېيىن زىددىيەت بۇرۇىقىدىنمۇ كەسكىنلەشتى.
دۈشمەنلەشكەن تەرەپلەر بىر – بىرىنىڭ ئادەملىرىنى تۇتۇۋىلىپ ئۇرۇپ
زەخمىلەندۈرىدىغان ئىشلار ئەۋج ئالغىلى تۇرغان ئىدى. بولۇپمۇ بىر ئىدارىدە
ئىشلەيدىغان ئادەملەر بىر - بىرىنى تۇتۇۋىلىپ، نەچچە قورالىڭ بار؟ كىم -
كىملەر نېمە ئىشقا مەسئۇل؟ ئۇنداق بۇنداق دەپ قەستەن سۈركېلىش ھاسىل
قىلاتتى. بىرەر ئادەم تۇتۇلغان بولسا، قارشى تەرەپ دەرھال بايانات ئېلان
قىلىپ، بىزنىڭ پالانى رەڭلىك ئادىمىمىزنى پالانى تەشكىلات تۇتۇۋالدى، 2
سائات ياكى 3 سائات ئىچىدە قويۇپ بەرسۇن! ئەگەر قويۇپ بەرمەيدىكەن جىددى
ھەرىكەت قوللىنىمىز! دەپ، ئۇلارنىڭ ئادىمىنى ياكى ئۇلار تۇرغان يەرگە
ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم باشلاپ، ئۇرۇش قىلاتتى، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئىچىدە يۇقىرى
بېسىملىق لابانىڭ كاساپىتىدىن كېچىسى خاتىرجەم ئۇخلىغىلى بولمايتتى.
تۆت
چوڭ كۆز قاراش، سەككىز چوڭ تەشكىلات
يول
ئېچىلىپ، يېڭىشەھەردىن قايتىپ كىرگەن قاچاقلار، ھەر قايسىسى ئۆز
تەۋەلىكىدىكى شەھەر سىرتىدىكى يېزا ۋە ئىدارە جەمئىيەتلەرگە ئورونلىشىپ،
مۇداپىئە لىنىيىلىرىنى قۇرۇپ، «قەلەم بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئەلەم بىلەن
قوغدىنىش قوماندانلىق شىتابى» نى قۇرۇشقان ئىدى. شامالباغ يېزىسى تەرەپ
غەربىي سەپ قوماندانلىق شىتابى، دۆلەتباغ تەرەپ شەرقىي سەپ قوماندانلىق
شىتابى دەپ ئاتىلاتتى. قاچاقلارنىڭ باش قوماندانلىق شىتابى ۋىلايەتلىك ئۇن
زاۋوتىنىڭ ئىچىدە ئىدى، يېڭىشەھەردە بىرلەشكەن 14 تەشكىلات، شەھەرگە
كىرگەندىن كېيىن پارچە – پارچىگە بۆلىنىپ، ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا
قوراللىق قوشۇن تەشكىللىگەن ئىدى ھەمدە يېڭىچە نام بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان
ئىدى. ئۇن زاۋوتىغا ئورۇنلاشقان تەشكىلاتنىڭ ئىسمى: «سان سى خۇي» دەپ
ئاتىلاتتى. بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى: ئۈچنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۇ تەشكىلات
يەنىلا ۋاڭ ئېنماۋنى قوغدايدىغان، سان جەھەتتە ئادەم سانى بىر قەدەر كۆپ
تەشكىلات ئىدى، ھەر قايسى ناھىيىلەردىكى قوللىغۇچىلىرى ۋە شۆبىلىرى ئاز
ئەمەس ئىدى. مەن بۇ يەردە ئىشلەيتتىم.
2 –
كۆز قاراش بىرلەشمە كومىتىت بولۇپ، بۇ تەشكىلات يېڭىشەھەردىكى نامىنى
ساقلاپ قالغان تەشكىلات ئىدى. بۇ تەشكىلات ھەربىي رايوننىڭ كۆرسەتكەن
سىزىقىدىن چىقمايدىغان تەشكىلات ئىدى. باش شىتابى ۋىلايەتلىك تاش يول
ئىسدارىسىنىڭ ئىچىدە ئىدى. سان جەھەتتىن ئادىمى ئەڭ ئاز، قورال كۈچى يوق
ياكى يېتەرسىز ئاجىز تەشكىلات ئىدى، ئۇنىڭ باشلىقى گاۋ چىياۋ دېگەن ختاي
ئىدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ كۆز قارىشى ئوخشاشلا ۋاڭ ئېنماۋنى جان تىكىپ قوغداش
ئىدى.
3 -
كۆز قاراش « گۇڭدەي خۇي» مەنىسى، ئىشچىلار قۇرۇلتىيى. بۇ تەشكىلاتنىڭ
ئادىمىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى قاتناش ترانسىپورت ئورنىدىكى
ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر بۇ تەشكىلاتقا ئەزا ئىدى، باش شىتابى قاتناش
ترانسىپورت 6 – شىركىتىنىڭ ئىچىدە ئىدى. ۋاڭ ئېنماۋنى يوقىتىدىغان كۆز
قاراشتا ئىدى. باشلىقى ۋاڭ تىيەن يۇن دېگەن خىتاي بولۇپ، 1967 - يىلى 30 -
سىنتەبىر كۈنىدىكى كېچىلىك جەڭدە قارشى تەرەپنىڭ ئوقىدا ئۆلۈپ، ئۇنىڭ
ئورنىغا ما فۇ گۈي دېگەن تۇڭگان باشلىق بولغان ئىدى.
4 -
كۆز قاراش قەشقەر فىنبۇ ئىدى، بۇنىڭ مەنىسى، شىنجاڭ 2 – سىلىڭبۇنىڭ
قەشقەردىكى شۆبىسى بولۇپ، باش شىتابى قەشقەر پىداگوكىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ
ئىچىدە ئىدى. باشلىقى خۇ لى جىن دېگەن ئوقۇغۇچى ئىدى. ۋاڭ ئېنماۋنى
يوقىتىدىغان كۆز قاراشتا ئىدى. بۇ كۆز قاراشتىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچى
ئىدى، خۇلى جىننىڭ ياردەمچىسى بولغان لىزىگاڭ دېگەن خىتاي، قارشى تەرەپتىكى
ئۇيغۇر يىگىتى ئۆمەر قۇرباننى يولدا كېتىۋاتسا قورالىدىن ئوق چىقىرىپ
ئېتىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن ئىدى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئۇيغۇرلار جەسەتنى
كۆتۈرۈپ نەچچە كۈن نامايىش قىلغاندىن كېيىن جىنايەتچىنى تۇتۇپ قولغا ئېلىپ
تۈرمىگە تاشلىغان ئىدى، مەرھۇمنىڭ ماتەم مۇراسىمى قەشقەر خەلق مەيدانىدا
داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆرەش ئىرادىسى بىر قېتىم
تىپىك ھالدا نامايەن قىلىنغان ئىدى. ئىپلاس خىتاي كوممۇنىستلىرى يالغاندىن
قولغا ئالغان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي تۈرمىدىن قويۇۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان
ئىدۇق. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، قانداقتۇر ئۇ جىنايەتچىنىڭ باشقىلار
تەرىپىدىن قاچۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق.
كۆز
قاراش جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتى تۆتكە بۆلۈنگەن بولسىمۇ، تەشكىلى جەھەتتىن
ھەر قايسى كۆزقاراشتىكىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم تەشكىلى قۇرۇلمىسى بار
ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن قەشقەردە تۆت چوڭ كۆز قاراش، سەككىز چوڭ تەشكىلات بار
دەپ ماقالا ۋە باياناتلار ئېلان قىلىناتتى، بۇ كۆز قاراش ۋە
تەشكىلاتلارنىڭ ئىدىيىۋى جەھەتتىكى بۆلىنىش سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ
ئولتۇرمايمەن، بۇ كۆز قاراش ۋە بۇ تەشكىلاتلار 1968 – يىلى 1 - ۋە 2 -
ئايلاردا ئۆزلىرىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسىنى ئېلان قىلىپ، كۆز قاراشلىرىنى
شەرھلەپ ئارقا – ئارقىدىن باياناتلار ئېلان قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى،
بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ھويلىسىدا قوراللىق كۈچلەر بولغاندىن سىرت، قەستەن
سۈركېلىش ھاسىل قىلىدىغان يۇقىرى بېسىملىق لابالىرى كېچە ـ كۈندۈز سۆزلەپ
تۇراتتى.
مىجىت سىلىڭنىڭ باش كۆتۈرىشى
مىجىت سىلىڭ قەشقەر شەھەر گۇڭشىغا قاراشلىق، بىناكارلىق قۇرۇلۇش شىركىتىدە
ياغاچچىلىق قىلىدىغان ئىشچى ئىدى، قەشقەر شەھىرىدىكى داڭدار ساقى قاسساپنىڭ
ئوغلى ئىدى.
شەھەر گۇڭشىنىڭ دائىرىسى چوڭ بولۇپ، ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ
ئىشىنى قىلاتتى، ھازىرقى تۆت كوچا باشقارمىسى، ئۇ زاماندا قەشقەر شەھەر
گۇڭشىسىغا قارايتتى، قەشقەر شەھەر گۇڭشىسىنىڭ تەركىبىدە نەچچىلىگەن زاۋۇت –
فابرىكا، كارخانا، قول ھۈنەرۋەنلەر، تىجارەتچى، قول سانا ئەتچىلەر،
مۇلازىمەت ئورۇنلىرى، ماشىنا رىمۇنت، تراكتۇر رىمۇنت زاۋاتلىرى ھەمدە شەھەر
ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى شەھەر گۇڭشىسغا بىۋاستە قارايتتى، بۇ ئورۇن شەھەر
گوڭشىسى تەۋەسىدىكى ئەڭ چوڭ ئورۇن ئىدى. پەقەت مىجىت سىلىڭ ئىشلەيدىغان
بىناكارلىق قۇرۇلۇش شىركىتىدىلا 1500 گە يېقىن ئادەم ئىشلەيتتى. 67 - يىل
14 - ئاۋغۇستتىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىناسىنى كۆيدۈرۈشتىكى ھەرىكەتتە
مىجىتنىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەر ئاساسلىق رول ئوينىغان ئىدى. مەدەنىيەت
ئىنقىلابىي باشلانغاندىن تارتىپ شەھەر گۇڭشىسىنىڭ ھوقۇقى قۇربان شۈكۈر
دېگەن بىرسىنىڭ قولىدا ئىدى، ئۇمۇ ۋاڭ ئېنماۋنى يوقىتىدىغان كۆز قاراشتىىكى
ئىسيانچىلاردىن ئىدى، ئۇ ئۆز ئالدىغا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ قەشقەر شەھىرىدە
قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان ئىدى، ئۇنىڭ 40 ئەسكىرى بولۇپ، ھەممە يەردە
قالايمىقان ئادەم تۇتۇپ، بۇلاڭچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ خەلقنىڭ غەزىبىگە
قالغان ئىدى. قەشقەر خەلقى قۇربان شۈكۈرنى «40 قاراقچى باندىت» دەپ
ئاتايتتى. مىجىت سىلىڭ بۇنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاتالمىش جۇڭياڭنىڭ (مەرگەز)
نىڭ، «بىر تەشكىلاتتىكى، بۇزۇق كاتتابېشىنى، شۇ تەشكىلاتتىكى ئامما
ئۆزلىرى تارتىپ چىقىرىپ، پۇرۇلتارىيات دىكتاتۇرا ئورۇنلىرىنىڭ جازالىشىغا
تاپشۇرۇشى كېرەك» دېگەن سىياسىتىنى باھانە قىلىپ، شەھەر گۇڭشى
سىستېمىسىدىكى ئاممىنى قوزغاپ، قۇربان شۈكۈرنىڭ «جىنايى» قىلمىشىنى توپلاپ،
بىر كېچىدىلا تۇتۇپ، باغلاپ، سوراق قىلىپ، شەھەرلىك گۇڭ ئەنجۈيگە تاپشۇرۇپ
بېرىپ، شەھەر گۇڭشىسىغا باشلىق بولىدۇ، ئارقىدىنلا پۈتۈن شەھەر گۇڭشىسىغا
قارايدىغان ئۇششاق ـ چۈششەك تەشكىلاتلارنى بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر گۇڭشى
ئىنقىلابىي بىرلەشمىسىنى قۇرۇپ باش مۇدىر بولىدۇ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىسمى
ئىسيان كۆتۈرۈش سىلىڭبۇسى بولغانلىقتىن، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۇنىڭ نامى
ھەممە يەرگە مىجىت سىلىڭ دەپ تارقىلدۇ، مىجىت سىلىڭ شەھەرنىڭ ھوقۇقىنى
ئىگەللىگەندىن كېيىن، قۇربان شۈكۈرنىڭ باشقۇرۇشىنى ئۆزگەرتىپ، ئىسلاھات
ئېلىپ بارىدۇ، خۇسۇسى ئىگىلىكنى يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك كوللىكتىپ
ئىگىلىكىدىكى ئۇششاق ـ چۈششەك كارخانىلارنى تارقىتىۋىتىدۇ، باج، بازار
باشقۇرۇش، ئۇنى تىزگىنلەش، بۇنى تىزگىنلەش دېگەندەك كىشىلەرنىڭ ئىجتمائىي
ھوقۇقىنى بوغىدىغان ئۇستقۇرۇلمىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ
ياشاش ھوقۇقىنى ئۆزىنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرىدۇ، بازارلار قويۇۋىتىلىدۇ،
ھەركىم نېمە ئىش قىلسا، نېمە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا چەكلىمىگە
ئۇچرىمايدۇ، دېھقانلار بازارغا كىرىپ خالىغان قوشۇمچە كەسپ ئىستېمال
بويۇملىرىنى ئېلىپ ساتالايدۇ. شەھەر ئىچىدە ھېيتكار مەيدانىدا ئاشخانا،
ناۋايلىق، كاۋاپچىلىق، يايما ئېلىم ـ سېتىم، دوغچىلىق، تەڭلە گۆشى پۇشۇرۇپ
سېتىش.... قاتارلىق بۇرۇن چەكلەنگەن كەسپلەر يېڭىدىن بازار تاپىدۇ.
«كاپىتالىزمنى تىرىلدۈردۈڭ »دېگەن بەدنامدىن قۇتۇلغان ھەر مىللەت خەلقى،
مىجىت سىلىڭنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ، ئۇنىڭ نام شەرىپى
بىردىنلا تەڭرىتىغىنىڭ شىمالى، پامىر تاغلىرىنىڭ ئىتىگىچە بېرىپ يېيىلدۇ،
شەھەرگە كېلىپ ـ كەتكەن خوشنا ناھىيە، يېزىلاردىكى دېھقانلار، ئۆز يۇرتىغا
بارغاندىن كېيىن ھېچ قانداق قورقماستىن ئۆزى خالىغان كەسپنى قىلىدۇ ۋە
مىجىت سىلىڭنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدۇ. مىجىت سىلىڭ بىر مەزگىل
قەشقەرنىڭ ئىشىنى رىتىمغا سالغاندىن كېيىن خوشنا ناھىيىلەرگە بېرىپ
ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، بارغانلا يېرىدە بازار ئىگىلىكىنى
ئەركىن ئازادە يولغا قويىدىغانغانلىقىنى كەڭرى تەشۋىق قىلىپ خەلقنىڭ
كۆڭلىنى ئۇتۇۋالىدۇ. قەشقەردىن ئاتۇش، سۇغۇنچازا، شېكەر كۆل، سانساكو،
مارالبېىشى، شامال، سېرىق بويا، چۇڭقۇچاق، يېڭى ئۆستەڭ، ئاۋات قاتارلىق
يېزىلارنىڭ ھەممىسىگە مىجىت سىلىڭ ئۆزى بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ۋە
تەشۋىقاتنى جانلاندۇرىدۇ. بارغانلىكى يەردە كىشىلەرنىڭ ئەسكى بورا بىلەن
كىگىزلەرنى جايناماز قىلىپ، ئەسكى تاملىقنىڭ ئىچىدە ناماز ئوقۇغانلىقىنى
كۆرگەندىن كېيىن كىشىلەرنى مەسجىد سېلىپ ئىبادەتنى ئوچۇق ـ ئاشكارا قىلىشقا
چاقىرىدۇ. بۇنىڭدىن كۆڭلى سۇ ئىچكەن خەلق مىجىت سىلىڭنى تەڭداشسىز
ھۆرمەتلەيدۇ. بۇ خەۋەر بىردىنلا ھەممە يەرگە تارقىلىدۇ. ئاخىرقى قېتىمدا
مەكىت ناھيىسىگىمۇ تەكرار بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ!
قەشقەردىكى ئۇرۇشلار
مەن
قەشقەردىكى ئاخۇنوپ باشچىلىقىدىكى قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ تەييارلىق
خىزمىتىگە چۈشۈشتىن بۇرۇن قەشقەردە يۈز بەرگەن بەزى قوراللىق ئۇرۇشلار
ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.
1968
– يىلى 4 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ۋاڭ ئېنماۋنى قوغدايدىغان تەشكىلات سانسىخۇي
بىلەن ۋاڭ ئېنماۋنى يوقىتىدىغان تەشكىلات گۇڭدەيخۇي ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك
جەڭ بولدى. سانسىخۇيدىكىلەرنىڭ قارارگاھى ئۇن زاۋۇت بىلەن تىببى مەكتەپنىڭ
ئىچىدىن تارتىپ تاكى شامالباغ يېزىسىغىچە كەڭرى سەپ تارتقان ئىدى.
گۇڭدەيخۇينىڭ قارار گاھى يېڭىشەھەر يولىنىڭ شەرقىدىكى تىببى مەكتەپنىڭ
ئۇدۇلىدا ترانسىپورت شىركىتىگە قارايدىغان 1 - 6 – 7 – كالۇنلاردىن تارتىپ،
تاكى توقۇمىچىلىق فابرىكىسى، ترانسىپورت شىركەتلىرى ۋە كىرەمباغ خەلق
دوختۇرخانىلىرىغىچە دائىرىنى ئىگەللىگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش، تىببى
مەكتەپ بىلەن تىببى مەكتەپ ئۇدۇلىدىكى 1 - 6 – 7 – كالۇنلار ئارىسىدا
بولغان ئىدى. بۇ كالۇنلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئېغىر تىپتىكى قوراللار بولۇپ، ھەر
كۈنى دېگۈدەك تىببى مەكتەپ تەرەپكە قارىتىپ ئوق ئاتاتتى ۋە تۇيۇقسىز ھۇجۇم
قىلاتتى. تىببى مەكتەپتىنمۇ كالۇنغا قارىتىپ توپ ئاتاتتى، ھەر ئىككى تەرەپ
توپ ئوقى ئېتىپ ئۆز ئارا بىر ـ بىرىگە پاراكەندىچىلىك سالاتتى.
تىببى مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى دەرۋازىنىڭ ئالدىغا قاتمۇ قات پارتلاتقۇچ بومبا
ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى، بۇ بومبىلارنىڭ ھەممىسى بىر ـ بىرىگە ئىنچىكە سىم
بىلەن چېتىلغان بولۇپ، سىرتتىن بىرەر ئادەم كىرىشى ھامان پارتلايتتى.
مەكتەپنىڭ ئىچىدە دەرەخزارلىق بار ئىدى، ئۇمۇ گرانات، قول بومبىسى بىلەن
توشۇپ كەتكەن ئىدى. تىببى مەكتەپنىڭ ئۆگزىسىدىمۇ ئېغىر پلىمۇت
ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى، مەكتەپ بىناسىنىڭ ئالدى 5 مىتىر چۇڭقۇرلۇقتا
كولانغان بولۇپ، يەر ئاستى ئاكوپلار بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى، قارشى
تەرەپتىن بىر كىم يەر ئاستى بىلەن كەلسىمۇ بىلىنىپ قالاتتى.
22 -
ئاپرىل كۈنى كەچتە تىببى مەكتەپ تەرەپتە تۇيۇقسىز پارتلاش يۈز بېرىپ
كەينىدىن ئالامان – تالامان بىر توپ ئادەملەر ئۈسۈپ كىرگىلى تۇردى، بۇ
ئادەملەر تىببى مەكتەپنىڭ قىزىل كۆۋرىكى تەرەپتىكى سوقما تامنى پارتلىتىپ
پارتلىغان كامادىن ئۈسۈپ كىرىشكەن ئىدى، مەن مەرھۇم جالال بىلەن مۇڭدىشىپ
ئولتۇراتتىم، ھەش ـ پەش دېگۈچە ئۇلار قىستاپ كەلدى، بىز ئوق ئۈزۈشكە
ئاتلانغۇچە پوستىكىلەر قوماچ قورىغاندەك ئوق ئېتىپ ئۇلارنى قاچۇردى،
ئۇلارنىڭ شەپىسىنى پوستىكىلەر ئالدىن سەزگەن ئىكەن، نەچچىسى ئۆلدى
بىلمىدۇق، ئۆلگەن ئۆلۈكلىرىنى ئېلىپ كېتىشكە ئۈلگۈردى، بىز تەرەپمۇ
قېچىۋاتقانلارغا ۋە ئۆلۈك توشىغانلارغا ئوق چىقارمىدۇق، كېچىچە ئۇلار يەنە
كېلىدۇ دەپ پەرەز قىلىپ ئۇخلىمىدۇق، ئەتىسى قاتمۇ قات پوس قويۇپ مۇداپىئەنى
كۈچەيتتۇق، ئەپسۇس جالال بەختكە قارشى ئۆلۈپ كەتتى. سائات ئىككى بولغان
ئىدى. جالالغا پوس نۆۋىتى كەلگەن ئىكەن. ئۇ پوستا تۇرغاندا، تىببى
مەكتەپنىڭ قىزىل كۆۋرىكى تەرەپتىكى يا بويىدا تۇرغان ئىكەن، قۇمۇشلۇقتىن
بىر ئۇزۇن چا يىلان ئۇدۇل جالالنىڭ ئالدىغا كەپتۇ، جالال قولىدىكى
ئاپتۇماتنىڭ پاينىكى بىلەن يىلاننىڭ بېشىغا بىرنى ئۇرۇشىغا، ئاپتۇماتتىن
بىر تال ئوق چىقىپ كېتىپ قېلىپ جالالنىڭ پىشانىسىگە تىگىپ شۇ ئان جان
ئۈزۈپتۇ، جالال قازاق يىگىت ئىدى، بەزىلەر ئۇنى قىرغىز ئىدى، دەيدۇ، ئۇ
ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە كومىتىتىنىڭ قارىغا ئېتىش تىرنىرى ئىدى، ئۆزى
كېلىشكەن، ياش، ئويۇن – چاخچاقچى، كېلىشىملىك بىر شەخس ئىدى.
1968
– يىل 23 - سىنتە بىركۈنى يەنە بىر قاتتىق جەڭ بولدى، بۇ قېتىمقى جەڭ 4 -
دالا ئارمىيىسى بىلەن 8 - دالا ئارمىيىسى ئوتتۇرسىدا بولغان ئىدى، بۇ
ئۇرۇشتا 16 ئادەم ئۆلۈپ، 17 ئادەم ئېغىر يارىدار بولغان ئىدى. 8 – دالا
ئارمىيىسى ۋاڭ ئېنماۋنى يوقىتىدىغان كۆز قاراشتىكى تەشكىلات بولۇپ،
ئۇلارنىڭ ئورنى ئۇن زاۋۇتىنىڭ ئۇدۇلىدىكى مۇستەقىل 3 – باتاليۇندا ئىدى،
ھەر ئىككى تەرپ بىڭتۇەننىڭ ئادەملىرى بولۇپ، ۋاڭ ئېنماۋنى قوغدايمىز،
يوقىتىمىز دەپ ئىككى قاشقا بۆلۈنگەن رىقابەتچىلەر ئىدى. 4 - دالا ئارمىيىسى
كۆز قاراش تەرەپتىن سانسىخۇي بىلەن بىر قاراشتا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇن
زاۋۇتىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، زاۋۇتنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى بالىخانىسىغا ئېغىر
تىپتىكى ستانكىۋاي پلىمۇتتىن ئىككىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى، ستانكىۋاي
پلىمۇتنىڭ ئوقى مۇستەقەل 3 - باتاليون تەرەپكە ئېتىلىشى بىلەن، پلىمۇتنىڭ
ھىمايسىدە پىيادە قىسىم قوراللىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، ھۇجۇمغا ئۆتكەن ئىدى. ئۇرۇش
ئەتىگەن سائەت يەتتىلەردە باشلانغان ئىدى، ئۇن زاۋۇتىنىڭ ئۈستىدىن چىققان
پلىمۇتنىڭ ئاۋازىدىن پۈتۈن شەھەر خەلقى كوچىغا چىقالماي ئۆيلىرىدە ياتقان
ئىدى، شەھەرنىڭ كوچىسىدا شۇ كۈنى خەلقنىڭ دېيىشىچە بىرمۇ ئادەم قالمىغان
ئىكەن. بۇ ئۇرۇشنى قوللىغان ئۇن زاۋۇتتىكىلەر، 4 - دالا ئارمىيىسىنىڭ
غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن ئۆزقولىدىكى ياراملىق قوراللارنىڭ بىر قىسمىنى ئۇلارغا
بەرگەن ئىدى. ئۇرۇش جىق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى بىلەن، ھەربىي رايوندىكىلەرنىڭ
توسۇشى ۋە نەسىھىتى بىلەن ئاخشىمى ئاخىرلاشتى. ئۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن
بىزدىن بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلارمۇ قاتناشقان ئىدى، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا،
پلىمۇت ئاتقان يەرگە بارساق ئۇششاق بالىلار مىشەك يىغىۋىتىپتىكەن، شۇ كۈنى
ئېتىلغان پلىمۇت ئوقىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئابلەت سېرىق يەتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى،
ئابلەت سېرىق قەشقەر شەھىرىدىكى شۇ زاماننىڭ پالۋان نوچىلىرىدىن بىرى ئىدى،
ئۇ كۈچلۈك باتۇر يىگىتلىكى بىلەن نام چىقارغان ئىدى، پلىمۇت ئوقىنى ئاجىز
خىتايلار 6 – قەۋەتكە يەتكۈزۈپ ئۈلگۈرتۈپ بېرەلمىگەنلىكتىن، ئابلەت سېرىق
ئۇ خىتايلارنى ئىتتىرىۋىتىپ، بىر يىشىك ئوقنى ئۆزى يالغۇز ئۆشنىسىگە ئېلىپ،
بىر يىشىك، بىر يىشىكتىن كۆتۈرۈپ ئەپچىقىپ ئۈلگۈرتۈپ بېرەلىگەن ئىدى. ئۇنى
كۆرگەن خىتايلار ھاڭ ـ تاڭ قالغان ئىدى. ئابلەت سېرىق كېينىكى چاغلاردا
ئەكسىلئىنقىلابىي تەشكىلاتقا ئەزا بولغانلىقى ئۈچۈن بىز بىلەن تۈرمىدە
بىللە ياتقان، ئىنشا ئاللاھ ھازىرمۇ بەلكىم ھاياتتۇر!
ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ، ئۇرۇشنىڭ جاراھىتى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپ، بىزنىڭكىلەر ئۇن
زاۋۇتىنىڭ ئىچىدە يېڭى تىپتىكى قورال ياساپ سىناق قىلغىلى تۇرغان ئىدى، ئۇ
قورالنىڭ ئىسمى 203 دەپ ئاتىلاتتى. ئۈچ تال توروببىنىڭ ئىچىگە ئوخشىمىغان
مىقداردا پارتلاتقۇچ دورا قاچىلاپ، پىلىكىگە ئوت ياقسا، يىراققا بېرىپ
پارتلايدىغان، زەربە بېرىش كۈچى بىر قەدەر زور بولغان ۋەھشى قورال ئىدى.
سىناق مەيدانىدا بىر خىتاي تىخنىك ئۆزى ياسىغان قورالدا، سىناق
مۇۋەپپىقىيەتلىك بولماي ئۆلگەن ئىدى، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرى ھەممە يەرگە
تارقىلىپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى دەپنە ئىشلىرىنى قانداق ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى
مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ئىدى، بىز ئادەتتە خىتايلارنىڭ ئۆلۈم ئىشىغا
ئارىلاشمايتتۇق، ئۇ كۈنى مەن شامالباغ تەرەپكە بىر ئىش بىلەن كەتكەن ئىدىم،
شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ رىجىسسورى مەخەت ساراڭ دېگەن بىر ئاغىنىمىز بار
ئىدى، ئۇمۇ بىز بىلەن بىر سەپتىكى كىشىلەردىن ئىدى، ئۇ خىتاينىڭ ئۆلۈمىگە
كېلىپ قىزىقچىلىق بولسۇن دەپ: «ۋاي قېرىندىشىم، ياش كەتكەن قېرىندىشىم،
مىڭلاپ كېلىپ بىردىن تۈگەپ قاچان تۈگەرسەن قېرىدىشىم» دەپ، ئۈن سېلىپ
يىغلاپتۇ، دېمىسىمۇ ئۇنىڭ جەسىتى كىشى تونۇمىغۇدەك تىتما كاتاڭ بولۇپ
كەتكەن ئىكەن، ئۇنىڭ جەسىتىنى تونۇشمۇ تەس بىر ھالەتكە چۈشۈپ، كۆرگەنلەرنىڭ
دېيىشىچە ئۈچەيۋاغرىدىن تارتىپ، كىندىكىنىڭ ئاستىغىچە پارە – پارە بولۇپ
كەتكەن ئىكەن، ئۇنى كۆرگەن خىتايلار نېمە قىلىشىنى بىلمەي ھاڭۋىقىپ
تۇرغاندا، مەخەتنىڭ يىغىسى ھەممىگە تەڭ تەسىر قىلىپ، ئۇنىڭدىن تەسىر لىنىپ،
كەينى ـ كەينىدىن ئىسەدەپ يىغلاپ، ماڭقىلىرى چۇۋۇلۇپ كېتىپتۇ، يىغا زارىنىڭ
ئاۋازى پۈتۈن ئۇن زاۋۇتىنى بىر ئاپتۇ، مەخەتنى ھەقىقەتەن ياخشى يولداش
ئىكەن، دەپ ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاپتۇ، مەخەتنىڭ نېمە دەپ
يىغلىغىنىنى، ھېچ كىم سەزمەپتۇ ھەم چۈشەنمەپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ، مەخەت ئۆزى
بىر سورۇندا بولغان ئىشنى قىزىقچىلىق بولسۇن ئۈچۈن ناكەستى ئاغىنىلىرىگە
ھېكايە قىلىپ بېرىپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان بىر «ئاغىنىسى» يازما ماتېرىيال
قىلىپ، ھەربىي ۋەكىلگە مەلۇم قىپتۇ، ھەربىي ۋەكىل ئۇن زاۋۇتىغا كېلىپ،
تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ يىغلىغان يىغىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن
يىغلىغان خىتايلار قاتتىق ئوسال بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىكى قوزغىلىپ، ئۇنى
قاتتىق جازالاشنى ئېيتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مەخەتنىڭ كونا ـ يېڭى گۇمانلىق
ئىشلىرى كولىنىپ، قانۇنى تۇتۇپ تۇرۇشقا تەستىق سېلىنىپتۇ، تۇتۇش ئۈچۈن
كەلگەنلەر ئالدى بىلەن سىلىڭبۇغا كىرىپ، سىلىڭبۇنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ،
ئاندىن تۇتۇشى كېرەك ئىدى. سىلىڭبۇنىڭ رۇخسىتىسىز ئادەم تۇتسا، كىم
بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قارشىلققا ئۇچرايتتى، شۇ ۋەجدىن تۇتقىلى كەلگەنلەر
سىلىڭبۇغا كىرىپ، كېلىش مەقستىنى چۈشەندۈرۈپتۇ، سىلىڭبۇدىكىلەر بۇ ئىشنى
ئۇيغۇر باشلىقلارنىڭ سەمىگە سېلىپ بىر ئىش قىلايلى، دەپ ئابدۇرھىم ھەسەن،
مۇھەممەد ئەلى ئابدۇكىرىم، ئايۇپ ئاخۇن دېگەنلەرنى تېپىپ ئۇلارنىڭ
ماقۇللىشى بىلەن مەخەتنى تۇتۇپ، ھەربىيلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ، ئۇ زاماندا
پۈتۈن ساقچى، ئەدلىيە ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھەربىي رايوندىن ھەربىيلەر
ئىدارە قىلاتتى، يەرلىك كادىرلارنىڭ ھەممىسى ئۆگىنىش كۇرسىدا نەزەر بەنتتە
ئىدى.
مەن
قارا جۈلدىكى جەڭدە ئەسىرگە چۈشۈپ، جىنايى جازاغا تارتىلىپ، كېسىلىپ
ۋىلايەتلىك تۈرمىدە قاماقتا ياتقان كۈنلىرىم ئىدى. بۇ 1970 – يىلى 9 –
ئايلار ئەپچۆرىسىدە بولغان ئىش ئىدى. بىزنى ئايدا بىرقېتىم ياكى 20 كۈندە
بىر قېتىم ئاپتاپقا ئەپچىقىپ ھاۋالاندۇراتتى، ئۇ كۈننى «يورۇق دۇنياغا
چىققان كۈنىمىز» دەپ ئاتايتتۇق، چۈنكى تۈرمىگە كۈن نۇرى چۈشمەيتتى، ئۈچ
كىشىلىك كامىرنىڭ پولات ئىشىكلىك كىچىككىنە تۆشۈكىدىن ھەر كۈنى ئىككى ۋاخ
تاماق بېرىپ، تەرەت قاچىلىرىمىزنى بوشىتىۋىلىش ئۈچۈن خالاغا بېرىشقا
ئازغىنا ۋاقىت بېرەتتى، شۇ بانادا قاچىلارنى بىكارلاپ كېلىۋالاتتۇق، باشقا
ۋاقىتتا ئۆينىڭ ئىچىگە تاھارەت قىلىپ ياشايتتۇق، ئاپتاپقا ئەپچىقىدىغان
نۆۋەت كەلگەن كۈنى ئىدى، ئاپتاپقا چىقتىم، مەخەت تېخىچە تۈرمىدە بار ئىكەن،
ئۇنىڭغا سالام قىلسام، «بىزنى كۈن ئالغىلى قويۇشسىلا، بىر ئېغىز گەپ
قىلغانغا، ھېلىغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتىمەن، سىلىنىڭ كەينىلىرىدىن مېڭىپ،
تېگى يوق ئىنقىلابتا ئاز خاپىلىق تارتمىدىم، سىلە بىلەن گەپلەشكەننى بىرسى
كۆرسە، زادى بۇ نېمىلىنىڭ چېتىشلىقى بارىكەن دەپ، مېنى يەنە ئۇزۇن قاماپ
قويىدۇ، ماڭا گەپ قىلمىسىلا!» دەپ، غىپىلداپ كەتتى، مەن قورقما، بىز ھېچ
ئىش قىلمىدۇق، سەن بىلەن بىزنىڭ ئىشمىزنىڭ مۇناسىۋىتى يوق، دېسەممۇ،
«غوجام، خۇدا ھەققى گەپ قىلمىسىلا، سىلە يەنە ھېچ ئىش قىلمىدۇق
دېيىشىۋاتىلا، ھەربىرلىرى بالا ـ قازا ئىكەنلا، شۇنچىلا ئەسكەرلەرنى
ئۆلتۈرۈپ، يەنە تېخى ھېچ ئىش قىلمىدۇق، دېيىشىلا، يەنە نېمە قىلسىلىرى
بولاتتى، بولدى قىلسىلا، ماڭا گەپ قىلمىسىلا، بىرسى كۆرۈپ قالسا ئىشنىڭ
چوڭى چېقىدۇ» دەپ، كېتىپ قالغان ئىدى، كېيىن ئۇنى قويۇپ بەرگەن ئىكەن،
بەلكىم ئىنشا ئاللاھ ھايات باردۇ.
ئۈچىنچى باپ
قوراللىق قوزغىلاڭغا ھازىرلىق
ئىچكى ـ تاشقى ۋەزىيەت
1968
– يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، «ماۋزېدوڭ ئۆزى باشلىغان ۋە ئۆزى
قوزغىغان، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن مەدەيەت زور ئىنقىلابى» يۇقىرى پەللىگە
چىقىپ، ماۋزېدوڭ ئۆزى باشقورالمايدىغان، ئايىغىنى قانداق يىغىشتۇرۇشنى
بىلمەيدىغان قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئارمىيە ئىچىدىمۇ ئوخشىمىغان
كۆز قاراشلار تۈپەيلىدىن، ۋاڭ ئېنماۋنى قوغدايمىز، يوقىتىمىز دېگەن ئىككى
خىل سەپ ئايرىلىپ چىققان ئىدى. بۇ ئىككى خىل سەپتىكىلەرمۇ ئۆز كۆز
قاراشتىكىلەرنى ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ، ئالدىغا تارتىپ، ئاستىرىتتىن سۈكۈت
بېرەتتى.
شەھەردىن يېزىلارغىچە، يېزىلاردىن ناھىيىلەرگىچە ھەممە يەردە قوراللانغان
كىشىلەر كوچىلاردا خالىغانچە يۈرەتتى، مەدەنىيەت ئىنقىلابىي باشلىنىشتىن
بۇرۇن، يېزىلاردىكى كىچىك ئەترەتتىن تارتىپ، يېزىلىق ھۆكۈمەتكىچە، خەلق
ئەسكەرلىرىنى تەشكىللەپ، كىچىك ئەترەتتە بەن، دادۈيدە پەي، يېزىلىق
ھۆكۈمەتتە باتالىيون، ناھىيىدە پولكلار قۇرۇلغان ئىدى. ھەممىسىگە قورال
تارقىتىپ بەرگەن ئىدى. بۇ ئىش جاڭچىڭنىڭ «ھەممە خەلق ئەسكەر بولۇش» دېگەن
چاقىرىقىنىڭ ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. ھەر ھەپتىدە خەلق ئەسكەرلىرى
ھەربىي مەشق ئېلىپ بېرىپ، قورال ئېتىش، گرانات تاشلاش، نەيزىۋازلىق
قاتارلىق جەڭ ماھارەتلىرى مەشق قىلغاچقا، كىشىلەرنىڭ كۆپى قورال ئېتىش
تېخنىكىسىنى بىلىۋالغان ئىدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابىي باشلىنىشى بىلەن، پۈتۈن
قوراللار يىغىۋىلىنىپ نەلەرگىدۇ ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى.
خەلقئارا ۋەزىيەتمۇ جىددىي ئىدى، گېزىت، ژۇرناللاردا، رادىئو كانايلىرىدا،
شەرقىي شىمالدىكى جىنباۋداۋ ئارىلىدا ئۇرۇش بولىۋاتقانلىقىنى، سوۋېت
ئارمىيىسىنىڭ زېمىن تالىشىپ، ئۇسسۇرى دەرياسى بويىدا خىتاي ئارمىيىسى بىلەن
ھەركۈنى دېگۈدەك جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ تۇراتتى. چەت ئەل
رادىئولىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك خىتاي – سوۋېت چېگرا توقۇنۇشى قاتارلىق
خەۋەرلەرنى بېرىپ تۇراتتى. تاشكەنت رادىئوسى بىلەن، ئالمۇتا رادىئوسى ھەر
كۈنى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بېرىپ تۇرغاچقا، كىشىلەر رادىئونىڭ ئاڭلىتىش ۋاقتى
كەلگەن ھامان شەھەر سىرتىغا چىقىپ توپ – توپ بولۇپ، رادىئو ئاڭلايتتى،
ئاڭلىغان خەۋەرلىرىنى قۇلاقتىن ـ قۇلاققا يەتگۈزۈپ تۇرىشاتتى. ئۇنىڭ
ئۈستىگە «ۋەتەننى قۇتقۇزۇش» رادىئوسى پەيدا بولۇپ، بۇ رادىئوغا كىشىلەر
تېخىمۇ قىزىقىدىغان بولغان. ئۈچ ئادەم بىر يەرگە كەلسە، ۋەتەن قۇتقۇزۇش
رادىئوسى ھەققىدە بىر ـ بىرىگە خەۋەر يەتكۈزىدىغان ئادەت شەكىللەنگەن ئىدى.
بىزمۇ ھەركۈنى دېگۈدەك ۋەتەن قۇتقۇزۇش رادىئوسىنى ئاڭلايتتۇق، بىر كۈن
ئاڭلىيالمىساق، يېگەن تامىقىمىز گېلىمىزدىن ئۆتمەيتتى. بۇ رادىئونىڭ تەسىرى
ناھايىتى چوڭ ئىدى. بەرگەن خەۋەرلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭىلىق بولۇپ، ۋەتەندە
بولىۋاتقان كۈندىلىك ئىشلارنى ئەينەن بېرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ رادىئو
ئىستانسىسىغا ھەممە ئادەم قىزىقىدىغان بولغان.
شۇنداق جددىي ۋەزىيەت پەيدا بولغان شارائىتتا، ماۋزېدوڭ: «شىنجاڭدىكى
ئاساسى خەۋپ، سوۋېت شيۇجېڭجۇيىچىلىرىدىن كېلىدۇ» دېگەن، «تەلىماتى» نى
ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقنىڭ دىققىتىنى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا قاراتقان ئىدى،
خەلق نەزىرىدىمۇ، چوقۇم بىر ئىش بولىدۇ، ئەتە ئۇلار بېسىپ كىرىدىكەن،
خۇروشوف بىلەن جۇ ئىنلەي ئۇرۇشۇپ قاپتۇ، ماۋزېدوڭ، خۇروشوفنى تىللاپ
موسكۋانى كۇمپەيكۇم قىلىۋىتىمەن دەپتۇ، سوۋېتلىكلەر بېيجىڭنى تۆت سائەت
ئىچىدە تۈپتۈز قىلىۋىتىمەن دەپتۇ دېگەندەك پاراڭلار خەلق ئاغزىدا ئاشكارا
تارقىلىپ يۈرەتتى، ھەربىي رايوننىڭ ھەر بىر ئىدارىدىكى ھەربىي
ۋەكىللىرىمۇ، ھەر قايسى ئىدارىدىكىلەرنى يىغىپ، ھە دىسە سوۋېت
شيۇجېڭجۇيىچىلىرىنى پىپەن قىلىشقا مەجلىس ئويۇشتۇرۇپ، كىشىلەرنى سوۋېتلەر
ئىتتىپاقىدىن نەپرەتلىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن
ئىدى.
ناھىيىدىن يۇقىرى كومپارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كادىرلار
ئارىسىدا بۇ گە پ تېخىمۇ ئەۋج ئالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە: «جەنۇبىي
شىنجاڭ ھەربىي رايونى بىر ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىپتۇ، بۇ فىلىم قەتئىي
مەخپى فىلىم ئىكەن، فىلىمدە، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى يۇرتنى قايتۇرىۋىلىش
ئارمىيىسى، ھەربىي مانۋىر ئېلىپ بېرىپتۇ، ئۇلار ئاسماندا تۇرۇپ دۈشمەن
بىلەن ئۇرۇش قىلىدىكەن، ئايرۇپىلاندىن ئايرۇپىلانغا ئۆتۈشۈپ، پاراشوتتىن
پاراشوتقا ئۆتۈپ دۈشمەن ئەسكىرى بىلەن ئاسماندا ئۇرۇش قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ
ھەممىسى مەخسۇس تەربىيىلەنگەن ئۇيغۇر ئەسكەرلەر ئىكەن، ئۇلار ھەرقېتىمقى
جەڭدە قانداقتۇر شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئالغا! ئاخىرقى
نەپسىمىز قالغۇچە شەرقىي تۈركىستاننى قولغا كەلتۈرىمىز...!» دېگەن
مەزمۇندىكى فىلىم ئىكەن، بۇنى كۆرگەن ئۇيغۇر باشلىقلار، بۇلۇڭ ـ بۇلۇڭدا
كۆرگەنلىرىنى ئېقىتماي ـ تېمىتماي ئۇنىڭغا ـ بۇنىڭغا يەتگۈزگەن ئىكەن، بۇ
پاراڭلار خەلق ئاغزىدا كۆچۈپ يۈرىيدىغان بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماۋزېدوڭ
يەنە بىر «تەلىمات» نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، «ئاشلىقنى كەڭرى جۇغلاپ، لەخمىنى
چۇڭقۇر قىزىڭلار!» دەپ، پۈتۈن خەلقنى ئاشلىق تىجەشكە، ئاشلىق ئىقتىساد
قىلىشقا، ھەر قايسى يېزا، ناھىيە ― شەھەرلەرنى ئۇرۇش تەييارلىقى ئۈچۈن
ئاشلىق يىغىشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى، مەھەللە – مەھەللىلەردە دىداۋ (يەر
ئاستى يولى) كولاش ئەۋج ئالغان ئىدى، مېنىڭ بىلىشىمچە قەشقەر شەھىرىنىڭ
ئاستى، يەر ئاستى يول بىلە تۇتۇشۇپ بولغان ئىدى، ئۇ يوللارنىڭ بەزىلىرىگە
ماشىنا كىرەلەيتتى، مىڭلىغان ئىنساننى سىغدۇرالايدىغان يەر ئاستى يوللىرى
تەرەپ – تەرەپتىن كولىنىشقا باشلانغان ئىدى، ئىچكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشتە،
دۈشمەننىڭ ئايرۇپىلانلىرى 15 مىنۇت ئىچىدە قەشقەر شەھىرىنى بومباردىمان
قىلىپ، قايتىپ كېتەلەيدۇ، پاراشوتچى ئايروپىلانلىرى 20 مىنۇتتا
پاراشوتچىلارنى توشۇپ كېلىپ، قەشقەر زېمىنىغا تاشلىيالايدۇ، شۇڭا
بومباردىماندىن ساقلىنىش ئۈچۈن يەر ئاستى يولنى پۇختا كولاش لازىم،
دېيىلگەن ئىكەن.
خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان خەلق گېزىتى، شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر گېزىتلىرىدىمۇ،
خىتاي بىلەن سوۋېت ھەققىدىكى توقۇنۇش خەۋەرلىرىنى كۈنلىكى كۈنلۈك بېرىپ
تۇراتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن گېزىتنىڭ بازىرىمۇ چىقىپ قالغان ئىدى، گېزىت
كۆرىدىغانلارنىڭ سانى شۇ زاماندا كۆپەيگەن ئىدى.
ئالاقە ئورنىتىش
ئىچكى ـ تاشقى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن، تەشكىلى قۇرۇلۇشنى يېزىلارغىچە
كېڭەيتىش ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئىشەنچىلىك كۈچلەرنى قولغا
كەلتۈرۈپ، قوشۇن زورايتىش شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ
مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ قالغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي
پارتىيىسى مەركىزى بىيوروسى، قەشقەرنىڭ جۇغراپىيىۋى تەبىئى شارائىتى ۋە
قەشقەرنىڭ ئىچكى ـ تاشقى ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، قەشقەردە كۈلىمى بىر قەدەر
زور بولغان قوراللىق قوزغىلاڭنى ئېلىپ بېرىشنى، ئاخۇنوپ باشچىلىقىدىكى
قەشقەر بىيوروغا (جەنۇبىي تەڭرىتاغ بىيوروسى دەپمۇ ئاتىلاتتى) تاپشۇرغان
ئىدى. (مەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى پەيلو مەيدانىدىكى ۋاقتىمدا باشلىقلىرىمدىن
ئاڭلىغان ئىدىم. پەقەت پاش بولۇپ، جىنايى ئەنزە قىلنىپ بىكىتىلگەن
قىسمىنىلا تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن).
ئاخۇنوپ تاپشۇرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بىيورونىڭ يىغىنىنى ئېچىپ،
ھەرىكەت لايىھەسىنى بىكىتىپ، قوراللىق قوزغىلاڭغا تەييارلىق قىلىش پىلانىنى
تۈزىدۇ، قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ باش قۇماندانلىقىغا يەنىلا ئاخۇنوپ
سايلىنىدۇ، قەشقەر بىيورونىڭ باشقا ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى تۇردى ئەلىگە
قالىدۇ. تۇردى ئەلى قەشقەر پىداگوكىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى،
شەرقىي تۈركىستاندا تونۇلغان سىياسىيون، پەلسەپىچى، مائارىپچى ئىدى.
ئاخۇنوپنىڭ يېقىن سەپداشلىرىدىن بىرى بولۇپ، قەشقەر بىيورونىڭ مۇئاۋىن باش
سىكرىتارى ئىدى.
ئاخۇنوپ شۇ يىلى 55 ياشتا ئىدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكىنى
ماشىنىلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى ئىدى، ئۇ 1944 – يىلى 12
– نۇيابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي
ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلغان پىشقەدەم ھەربىي ئوفىتسىرلەردىن ئىدى، شەرقىي
تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرىزدىنتى مارشال ئەلىخان تۆرە ئىدى.
مىللىي ئارمىيەدە خىزمەت قىلغان ئاخۇنوپ، غۇلجىدىكى شەرقىي تۈركىستان
ئازادلىق ئۇرۇشىدىن تارتىپ، تاكى 1962 –يىلىدىكى خىتاي – ھىندىستان
ئۇرۇشىغىچە بولغان ئارىلىقتا باشتىن ـ ئاياغ پولكوۋنىك ئۇنۋانىنى ساقلاپ
قالغان ئىدى، ئۇ قەشقەردە تۇرۇشلۇق 3 - ئاتلىق پولك يەنى 9994 – قىسىمنىڭ
پولكوۋنىكى ئىدى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا قەدەر، ئاخىرقى ھاياتىنى
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىغىشلىغان
ئىدى. مەرھۇمنىڭ تەرجىمىھالىنى كېيىنكى باپتا شەرھلەپ ئۆتمەكچىمەن.
قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىكىگە سايلانغان ئاخۇنوپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ،
قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىشى ۋە تېز ۋۇجۇتقا
چىقىشى ئۈچۈن، يەر ئاستى تەشكىلاتنى جانلاندۇرۇپ، تەڭرىتىغىنىڭ جەنۇبىدىكى
ئوبلاست، ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەر بىلەن بولغان زەنجىرسىمان مۇناسىۋەتنى ئېلىپ
بارىدۇ. ھەر قايسى ناھىيىلەردە پارتىيە تەشكىلى قۇرۇلمىسىنى قۇرۇشقا
باشلايدۇ ۋە كېڭەيتىدۇ، مەسىلەن: توققۇزاق ناھىيىلىك خىتاي پارتىيە
كومىتىتىنىڭ سىكرىتارى ئابدۇلئەھەت شۇجىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلق
ئىنقىلابىي پارتىيىسىگە ئەزا قىلىپ قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، يەنىلا شەرقىي
تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى توققۇزاق ناھىيىلىك پارتكومنىڭ
سىكرىتارلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەيدۇ. ئۇنىڭ ياردەمچى مۇئاۋىنلىقىغا بەشكىرەم
ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ئىيسا ئىبراھىمنى تەيىنلەيدۇ، قوراللىق
قوزغىلاڭ ئاخىرلاشقاندا، خىتايلار ئابدۇلئەھەت شۇجىنى قولغا ئالىدۇ ۋە
تۈرمىدە قىيىن ـ قىستاققا ئالىدۇ، ھېچ نېمىنى ئىقرار قىلمايدۇ، ئابدۇلئەھەت
شۇجىدىن شال پاخىلىغا ئېرىشەلمىگەن خىتاي كوممۇنىستلىرى ئاخىرقى ھېساپتا
ئۇنى دوختۇرخانىدا مەخپى زەھەرلىك ئوكۇل سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ، ئىيسا ئىبراھىم
15 يىللىق كېسىلىپ پەيلو مەيدان تۈرمىسىدىن چىقىپ ۋاپات بولدى.
مەن
ئىيسا ئىبراھىم بىلەن بىر ئەترەتتە بىللە تۇرغان ئىدىم، ئۇ كېلشكەن،
پىكىرچان، يىراقنى كۆرەلەيدىغان، پەم ـ پاراسەتلىك، مەدەنىيەت سەۋىيىسى
يۇقىرى، چىقىشقاق بىر ئىنسان ئىدى، تۈرمىدە ئېغىر كىسەللىك ئازابىنى
تارتىپ، ساقىيالمىغان ئىدى، خىتاي كوممۇنىستلىرى داۋالاش چېقىمىدىن قېچىپ،
تۈرمە سىرتىدا ئىجراقىلىش نامىدا ئۆيىگە كىپىللىككە بەرگەن ئىدى، تۈرمىدىن
چېقىپلا ۋاپات بولدى، مەرھۇمنىڭ ئۆلىمى ناھايىتى كاتتا داغدۇغا بىلەن
ئۇزىتىلدى، ئۆلۈم دەپنە مۇراسىمىغا ئۇنى تونىغان ـ تونىمىغان كىشىلەر
قۇلاقتىن ـ قۇلاققا ئاڭلاپ، كېلىپ قاتنىشىپ، جىنازا نامىزى تاس قالدى
نامايىشقا ئايلىنىپ كەتكىلى. بۇ جىنازا نامىزىدىن ھەيران قالغان خىتاي
كوممۇنىستلىرى، يەنە بىر قېتىم خەلقنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىغا بولغان
غەزىپىنىڭ نە قەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. مەرھۇمنىڭ
ياتقان يىرى جەننەت بولسۇن! ئامىن!
توققۇزاق ناھىيىسىگە تەۋە بولغان بۇلاق سۇ، ئوپال، تاشمىلىق ۋە ئويتاغ
قاتارلىق رايونلارمۇ قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىش لىنىيىسىى
بولۇپ، تاكى تاشقورغاننىڭ چەت ئەل بىلەن چېگىرىنىلىنىدىغان ئافغانىستان،
پاكىستان..... قاتارلىق يەرلەرمۇ قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىش
خەرىتىسى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى......
يوپورغا، يەكەن، مارالبېىشى ۋە ئۇنىڭ دائىرىسىدىكى سېرىق بويا، چۇڭقۇچاق،
ئاۋات، يېڭى ئۆستەڭ ھەمدە يەكەننىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىمۇ بۇ ھەرىكەت
لايىھىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ رايونلاردا ئاخىرقى ھېسابتا
ئاز بولمىغان كىشىلەر تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىسىملىكى ۋە
باتۇرلۇق ئىش ـ ئىزلىرىنى خۇدا خاھلىسا كېيىن يازارمەن، ئىنشا ئاللا!
قوزغىلاڭ ھارپىسىدىكى تۇتقۇن
شاكىرجاننىڭ ئۆلۈمى شاكىرجان قەشقەردە، شۇنداقلا شۇ زاماندا تونۇلغان
يازغۇچى، دىرامماتۈرگ ئىدى، ئۇ قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ كەسپى
يازغۇچىسى ئىدى. ئۇنى خىتاي كوممۇنىستلىرى بىر كىچىدىلا تۇتۇپ ئەپچىقىپ
كەتتى، ئۇ شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى، ئۇ
تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن، ئوخشىمىغان رەزىل ۋاستىلارغا دۇچ كېلىپ، قىيىن ـ
قىستاققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ساتقىنلىق قىلمىدى، ھېچ نەرسىنى دېگىلى
ئۇنىمىدى، گەرچە ئۇنىڭ يېقىن بىر «ئاغىنىسى» خائىنلىق قىىلپ ئۇنى ساتقان
بولسىمۇ، تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن ھەممىنى ئىنكار قىلغان ئىدى، ئۇنىڭ
ئىشلىرىدىن جەمئىيەتتىكىلەر تامامەن خەۋەردار ئىدۇق، ئەڭ ئاخىرى خىتاي
دائىرىلىرى ھەرخىل رەزىل ۋاستىلارنى ئىشقا سېلىپ قىيناپ ئۆلتۈرىۋەتكەن
ئىدى. ئۇنىڭ جەسىتىنى ئۆيىگە بەرگەندە، «قەشقەر شەھىرىدە دەپنە قىلماسلىق،
يۇرتى بەشكىرەمدە دەپنە قىلىش، جىنازا نامىزى ئۈچۈن ئادەم چاقىرماسلىق،
رەسىمگە ئالماسلىق، داۋراڭ سالماسلىق، يىغا - زارە قىلماسلىق....قاتارلىق»
شەرتلەر بىلەن قوراللىق ساقچى بەشكىرەمگە بىللە ئېلىپ كېلىپ دەپنە قىلىپ
بولغاندىن كېيىن، يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىگە جىق گەپلەرنى تاپىلاپ كىرىپ
كەتكەن ئىكەن. ئاتا - ئانىسىنىڭ دېيىشىچە، شاكىرجاننىڭ پۈتۈن بەدىنى قان ـ
يىرىڭغا توشۇپ، كۆكۈرۈپ كەتكەن ئىكەن، ئۇنى كۆرگەن ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى
ئۆزىنى باسالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتسە، شەھەردىن چىققان ھەربىيلەر، يەرلىك
ساقچىلار ئۇرۇق ـ تۇغقان، ئاتا – ئانا، ئايالىنى ئايرىم بىر ئۆيگە سولاپ
قويۇپ دەپنە قىلغان ئىكەن. بىز ئۇ ۋاقىتتا ھەدەپ قوزغىلاڭنىڭ تەييارلىق
ئىشى بىلەن بەنت ئىدۇق. ئۇنىڭ شېرىكلىرى قوزغىلاڭ ئاخىرلىشىپ بىر مەزگىلدىن
كېيىن، يوپۇرغا ناھىيىسىدە چوڭ تۇتقۇن بولغاندا، شاكىرجاننىڭ ھايات
ۋاقتىدىكى ئىشلىرىنى ئۇلار پاش قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئۇنىڭ شېرىكلىرى
ئۆز ئاغزى بىلەن ئىقرار قىلىپ، بالاغا قېلپ، قىلتاققا چۈشۈپ، ئالدى
مۇددەتسىز، ئاخىرى 15 يىل كېسىلىپ، مەن بىلەن پەيلو مەيداندانىدا جىنايى
جازا مۇددىتىنى ئۆتىدى. مەرھۇم شاكىرجاننىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن،
ئامىن!
مىجىت ئەپەندى(مىجىت ھېلىم) نىڭ ئۆلۈمى مىجىت ئەپەندى قەشقەر شەھىرىدىن
بولۇپ، جامائەتكە تونۇلغان، ھېلىم ئەپەندى جەمەتىنىڭ پەرزەنتى ئىدى، ئۇ
كىشىمۇ ئاخۇنوپقا ئوخشاش، مارشال ئەلىخان تۆرە پىرىزدىنتلىقىدىكى شەرقىي
تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىسىدە باشتىن ئاخىر سىياسىي
بۆلۈمدە خىزمەت قىلغان، شەرقىي تۈركىستان جامائەتچىلىكىگە تونۇلغان،
سىياسىيون، ناتىق، ھەربىي ئەمەلدار كىشى ئىدى، ئۇ قەشقەر خەلق
كىنوخانىسىنىڭ مۇدىرى ئىدى، خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاننى
بېسىۋالغاندىن كېيىن، بۇ ھەربىي ئەمەلدار يىقىلا – يىقىلا تۆۋەنگە چۈشۈپ،
نەچچە قازاندا قايناپ، كەيمىگەن قالپىقى قالماي، ئەڭ ئاخىرىدا كىنوخانىنىڭ
مۇدىرلىقىدا قالغان ئىدى، ئۇ سۆزمەن، ئاددى ـ ساددا، ئاممىباپ، چوڭچىلىقى
يوق، چوڭ ـ كىچىك ئادەملەرنى كۆرسە سالام قىلىپ ماڭىدىغان بىر ئىنسان ئىدى.
مەن ئۇنىڭ ھېيتكارنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا، ئاپتاپ چىققان كۈنلىرى، ياكى
يازنىڭ سالقىن كۈنلىرى، داۋاملىق چاچ – ساقاللىرىنى سەھرادىن كېلىدىغان،
قېرى، ئاجىز، ساتراچلارغا ئالدۇرىدىغانلىقىنى كۆرەتتىم، مەن ھەيران
قالاتتىم، قەشقەردە شۇنچە ئېسىل ساتراچخانىلار تۇرسا، نېمىشقا كوچىدا،
ئوچوقچىلىقتا ساقال ئالدۇرىدىغاندۇ؟ دەپ ئۆزىدىن سوراپ باققۇم كەلدى.
«بۇ
ئادەملەر كەمبەغەل، يوقسول، ھەپتىدە بىر قېتىم شەھەرگە كىرىپ بىر كۈن
ساتراچلىق قىلىپ، بەش – تۆت تەڭگە پۇل تېپىپ، قايتاشىدا ئۆيىگە بىر جىڭ گۆش
بىلەن تۆت گىردە ئېلىپ كەتسە، جاھانشۇمۇل خوش بولىدىغان كىشىلەر، شۇلارغا
بولسىمۇ ياردىمىم تېگىپ قالارمىكىن دەپ، ئۇلارغا چاچ – ساقىلىمنى
ئالدۇرىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ قولى ئاپتاپ كۆرگەن تاۋلانغان قول، چاچ
ـ ساقىلىڭنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، سېنى راسا مۇجۇپ، قوللىرىڭدىن قاس
چىقىرىپ سېنى يەڭگىللىتىپ قويىدۇ. ئۆزۈڭنى راھەت ھېس قىلىسەن» دەپ گەپ قىپ
بېرىپ كۈلۈپ كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ زاماندا چاچ ـ ساقال ئالسا، بەش
موچەن، ساقال ئالدۇرۇسا ئۈچ موچەن بېرىدىغان زامانلار ئىدى، ئەمما مىجىت
ئەپەندى بىر كوي بېرىپ ئاشقىنىنى ياندۇرۇوپ بەرسە ئالغىلى ئۇنىمايتتى.
مىجىت ئەپەندىنى تۇتۇپ، تۈرمىگە ئەپكىرىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق،
ھەممىمىز تەشۋىشكە چۈشتۇق، كىمنىڭ خائىنلىق قىلغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلدۇق،
ئەمما ھېچ بىر شەپىسىنى سېزەلمىدۇق، بىز قوراللىق قوزغىلاڭغا ئاتلىنىپ،
تۇتۇلۇپ تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن، تۈرمىدىكى بىزدىن بۇرۇن كىرگەن باشقا
جىنايەتچىلەردىن ئۇقساق، قىيىن ـ قىستاق، تىل ـ ھاقارەت، تاياق – توقماق
ئازابىدىن نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئاچلىق ئېلان قىلىپ بىر ھېساپتا يەتتە
كۈندە، بىر ھېساپتا 8 - كۈنى جان ئۈزۈپ ئۇ ئالەمگە كېتىپ قالغان ئىكەن.
مەرھۇمنىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە بەرگەن ئىكەن، بىر تۇغقان سىڭلىسى
ئايىمنىسا ھېلىم (خان) باش بولۇپ، ئۇكىلىرى ۋە بالا ـ چاقىلىرى بىلەن
ئۆلۈمنى دەپنە قىلغان ئىكەن، مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم جىنازا نامىزى قەشقەر
شەھىرىنىڭ ھېيتكار جەمەسىدە ئوقۇلغان ئىكەن، جىنازىسى كوچىغا چىققاندىن
كېيىن، جىنازا جامائىتى نامايىشقا ئايلىنىپ كېتىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ
بىگۇنا قامالغانلىقىنى تۈرمىدە تۇرۇپ ئاڭلىغان ئىدۇق، مەرھۇم تۈرمىگە كىرىپ
ھېچ نېمىنى ئىقرار قىلماي ئالەمدىن ئۆتتى، مېنىڭ باشلىقلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە،
ئاخۇنوپتىن قالسا، قوراللىق قوزغىلاڭغا ئائىت كۆپ ئىشنى مەرھۇم مىجىت
ئەپەندى بىلەتتى، بىللە پىلانلىغان ئىدى، دېيىشكەن ئىدى.
مىجىت ئەپەندى ئائىلىسى خىتاي نەزىرىدە: «پانتۈركىست، پانئىسلامىزم
ئائىلىسى» دەپ قارىلىپ كەلگەن ئائىلە ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ
ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق قالپاق بىلەن
خىتايلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلگەن ئائىلە ئىدى. مىجىت ئەپەندىنىڭ
سىڭلىسى ئايىمنىسا ھېلىمنىڭ ئېرى مەرھۇم مۇھەممەد رىھىم گودەيزى (سابىق
شىنجاڭ ھەربىي رايوننىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەرجىمانى، ياشلىق ناخشىسى
كىتابىنى تەرجىمە قىلغان تەرجىمان) مۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي
پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، 20 يىل كېسىلىپ بىز بىلەن بىللە تۈرمىدە
ياتقان، مەرھۇم كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى، ياتقان يېرى جەننەتە
بولسۇن، ئامىن!
زەرەپشان پولكىنىڭ قۇرۇلۇشى
مەن
زەرەپشان پولكى ۋە ئۇنىڭ كۇماندىرى مۇھەممەد ئىمىن قادىر ئۈستىدە قىسقىچە
توختىلىپ ئۆتىمەن، مەكىت ناھىيىسىدە، دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان سان
جەھەتتە ئادىمى ئەڭ كۆپ بولغان بىر دېھقانلار قوشۇنى بارلىققا كەلگەن ئىدى،
بۇ قوشۇن بارا – بارا زورىيىپ، پۈتۈن دولان ۋادىسىغا كېڭەيگەن ئىدى.
قەشقەرنىڭ يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، 1968 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ھەر
قايسى ناھىيىلەردىكى ئىسيانچىلار تەشكىلاتلىرى، ئۆز ناھىيىسىدىكى قارشى
تەشكىلاتلارنىڭ بېسىمغا ئۇچراپ، ئۇ يەردە پۇت تىرەپ تۇرالماي، ئۆز
ناھىيىسىگە سىغماي، ئارقا ـ ئارقىدىن قەشقەر شەھىرىگە قېچىپ كېلىشكىلى
تۇرغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەكىتتىكى ئىسيانچىلارنىڭ باشلىقى مۇھەممەد
ئىمىن قادىرمۇ قەشقەرگە كەلگەن ئىدى، ئۇ قەشقەر چىنىۋاغ مىھمانخانىسىغا
چۈشكەن ئىكەن. مەدەنىيەت ئىنقىلابىي مەكىتتە دەسلەپتە باشلانغاندا، شەھەر
ئىچىدىكى بىر قىسىم خەلقنىڭ دېمۇكراتىك سايلىمى بىلەن مەكىت مەدەنىيەت
يۇرتىنىڭ كادىرى كىنو مىخاينىكى روزى ھېكىمنى ۋاڭ ئېنماۋنى يوقىتىدىغان
تەشكىلاتتىكىلەرنىڭ مەسئۇلى قىلىپ سايلايدۇ، مۇھەممەد ئىمىن قادىر ئۇنىڭ
ياردەمچىسى بولۇپ سايلىنىدۇ. ۋاڭ ئېنماۋنى قوغدايدىغان تەشكىلاتتىكى قارشى
كۈچلەر، روزى ھېكىم بىلەن مۇھەممەد ئىمىن قادىرغا ئارام بەرمەي يولسىزلىق
بىلەن زۇلۇم سالىدۇ، ئۇلارنىڭ قارار گاھىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىپ ئېغىر
تالاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ئاخشاملىرى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ
بىگۇنا پۇقرانى ئۆلتۈرىدۇ. ھەتتا قولىدا تۆمۈرنىڭ پارچىسى بولمىغان
كىشىلەرگە قورال ئىشلىتىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈرۈشكە باشلايدۇ. روزى ھېكىم بىلەن
مۇھەممەد ئىمىن قادىرنى تۇتۇۋېلىپ ئاغزىغا ئاتنىڭ يۈگىنىنى سېلىپ، تۆت
پۇتلۇق قىلىپ كوچا ئايلاندۇرۇپ ھالىنى قويمايدۇ ھەمدە نەخ ئەكسىلئىنقىلابچى
قالپىقىنى كىيدۈرۈپ سازايى قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەرنى
زورلۇق بىلەن ۋاڭ ئېنماۋنى قوغدايدىغان تەشكىلاتقا ئۆتۈپ ئەزا بولۇشقا
ئۈندەيدۇ. ئۇنىمىغانلىرىنى تۇتۇپ باغلاپ قىينايدۇ. بۇ ئېچىنىشلىق ئىشقا
چىدىيالمىغان روزى ھېكىم بىلەن مۇھەممەد ئىمىن قادىر بىر قىسىم ئادەملىرىنى
ئېلىپ يوشۇرۇن يوللار بىلەن قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەرنىڭ سىلىڭى مىجىت
سىلىڭدىن ياردەم سورايدۇ، مىجىت سىلىڭ مەكىتنىڭ ئەھۋالىنى، تەبىئى يەر
شارائىتى، جۇغراپىيىلىك مۇھىتى قاتارلىقلارنى تەپسىلى ئاڭلاپ، مەكىتنىڭ
ۋەزىيىتى ھەققىدە خىتاي ئاھالىسىنىڭ ئورۇنلىشىشى، خىتايلارنىڭ
ئورۇنلىشىۋالغان يىرى، سانى، ئۇلارنىڭ ئىشلىتىۋاتقان قوراللىرى،
قوراللىرىنىڭ كېلىش مەنبىئى.... قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تەپسىلى
تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قوراللىق قوزغىلاڭغا قۇماندانلىق قىلىش
شىتابىغا دوكلات قىلىدۇ، شىتاپنىڭ تەكلىپى بىلەن مىجىت سىلىڭ ئۇلارغا
قولىدىكى ئازراق قورال بىلەن ياردەمگە بىر قانچە ياراملىق كىشلەرنى قوشۇپ
مەكىتكە يولغا سالىدۇ. ئۇلار مەكىتكە بارغاندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتلىنىپ،
كىچىك تىپتىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئاجىز
ھالقىلىرىغا تۇيۇقسىز زەربە بېرىپ، ئۇلارنى تارمار قىلىپ، بىر تۈركۈم
قوراللارنى قولغا كەلتۈرىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماستىن، يىراق ـ
يېقىندىكى قورال بار يەرلەرنى رازۋىتكا قىلىپ، ئورنىنى ئىگەللەپ، قورال –
ياراغلىرىنى تارتىۋىلىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارىدۇ، ئۇلارنىڭ ئادەم سانى
كۆپەيگەندىن كېيىن، مەكىت ناھىيىلىك تراكتور پونكىتىنى سىلىڭبۇنىڭ
تۇرالغۇسى قىلىپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە بىر تەرەپتىن قولىدىن ئىش
كېلىدىغان كىشىلەرنى ئەسكەرلىككە ئېلىشقا باشلايدۇ، بۇرۇن ئەسكەر بولغان،
ياكى ئەسكەرلىكتىن چىكىنگەن كونا ھەربىيلەرنى يېڭىۋاشتىن ئەسكەرلىككە دەۋەت
قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئەسكىرى سانى كۆپىيىشكە
باشلايدۇ، مەكىت ناھىيىسىدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ خاراكتېرى باشقا
ھەرقانداق يەردىكى ئىنقىلابچىلاردىن پەرقلىق ھالدا باشقىلار تەرىپىدىن
سېزىلىشقا باشلايدۇ. ئىشچى، دېھقان، ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان بۇ قوشۇن
بارا – بارا زورىيىپ، پۈتۈن ناھىيىگە كېڭىيىدۇ، پۈتۈن ناھىيىدىكى توققۇز
گوڭشى بىلەن، ناھىيىگە قاراشلىق مەيدانلارمۇ ئارقا – ئارقىدىن مۇھەممەد
ئىمىن قادىرنىڭ تەشكىلاتىغا قوشۇلۇپ ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلىدۇ، روزى ھېكىم
بىلەن مۇھەممەد ئىمىن قادىرنىڭ قوشۇنى ناھىيىلىك تراكتۇر پونكىتىنى ھەربىي
بازا قىلىپ، ئىستىھكاملارنى ياساپ ئۆزىنى قوغداش مۇداپىئە ئۇرۇشىغا ئۆتىدۇ.
ئەمما قارشى تەرەپتىكى ۋاڭ ئېنماۋنى قوغدايدىغان تەشكىلاتتىكىلەرنىڭ يەنىلا
قوراللىرى خىل بولغانلىقتىن ئۇلارغا ئارام بەرمەي داۋاملىق ئۇرۇش ئوتى
ئېچىپ تۇرىدۇ، چۈنكى ناھىيىلىك پاختا زاۋوتىغا ئورۇنلاشقان
تەشكىلاتتىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي ۋە ھوقۇق تۇتقان قىسمەن ئۇيغۇر
ئەمەلدارلار بولغانلىقتىن ئۇلار ھەربىيلەرنىڭ قوراللىرىغا شۇنداقلا
بىڭتۇەننىڭ ياردىمىگە تېزلا ئېرىشىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن قادىرنىڭ
ئەسكەرلىرىنىڭ قوراللىرى ئاساسى جەھەتتىن يەرلىك ئۇسۇلدىكى ئۆزلىرى
ياسىۋالغان يەرلىك قوراللار بولغاچقا قارشى تەرەپكە تاقابىل تۇرالمايدۇ.
قارشى تەرەپتىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلارمۇ ئىچكى قىسىمدىكى خىتايلارنىڭ ناھەق
تەرەپلىرىنى سەزگەندىن كېيىن، بارا ـ بارا پاختا زاۋۇتىدىن چېكىنىپ چىقىپ
كېتىپ ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ، قالدى خىتايلار ھە دىسە ئەسەبىيلىشىپ ھەركۈنى
دېگۈدەك قورال ئىشلىتىپ، تىراكتۇر پونكىتىغا ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىدۇ.
ھەتتا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىگۇنا ئۇيغۇرلارمۇ خىتايلارنىڭ ئوقىدا
بىگۇنا ئۆلىدۇ. بىر كۈنى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان تۆت دېھقاننى تۇتۇۋېلىپ،
پاختا زاۋوتىغا سولىۋېلىپ، سەن روزى ھېكىمنىڭ ئەسكىرى ئىكەنسەن، سەنلەردە
قانداق قوراللار بار؟ ئۇلار نەدە؟ دەپ سوراق قىلىدۇ. ئۇلار جاۋاب
بېرەلمىگەندىن كيىن، كاسىسىغا مىلتىقنىڭ نەيزىسىنى سانجىپ ئېغىر
جاراھەتلەندۈرىدۇ. يەنە بىرسىنىڭ كاسىسىغا زىخنى قىزدۇرۇپ داغلايدۇ،
ۋاقىرىغان ئاۋاز جاھانغا بىر كېتىدۇ، بۇ رەھىمسىز خىتايلار قاقاخلاپ كۈلۈپ
زاڭلىق قىلىدۇ. ئەتىسى يەنە يارىسىغا تۇز چېچىپ، ئۇرۇپ - قىيناپ
ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى قۇملۇققا كۆمۈۋېتىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا
مۇھەممەد ئىمىن قادىرلار غەلىبە قىلغاندا ئۇلارنىڭ جەسىتىنى تېپىپ قايتىدىن
دەپنە قىلىشىدۇ.
ئۇندىن باشقا يەنە بىر كۈنى توغراق مەيدانىدىن پاختا تېرىشقا چىققان
دېھقانلارنى تۇتۇۋېلىپ ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى ئۇلارنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ
باسقۇنچىلىق قېلىدۇ. بۇ ئەھۋال پۈتۈن ناھىيىگە ئاڭلانغاندىن كېيىن پۈتۈن
ناھىيە خەلقى قوزغىلىپ پاختا زاۋوتىغا نارازىلىق يۈزىسىدىن ھۇجۇم باشلايدۇ.
خىتايلارنىڭ قورالى كۆپ ھەم كۈچلۈك بولغاچقا كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەھەتتىن
ئاجىز كېلىپ قېلىپ يېڭىلدۇ ھەم كۆپ بەدەل تۆلەيدۇ، كېيىن مۇھەممەد ئىمىن
قادىرنىڭ بىۋاستە قۇماندانلىقىدا 200 دەك ئاتلىق ئەسكەر تەشكىللەپ، كۆپ
قېتىم مەشق قىلىپ، پۇختا تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا
ئۆتۈپ پاختا زاۋوتىنى ئىشغال قىلىدۇ. بىر قىسىم خىتايلار ھەربىيلەرنىڭ
گازارمىسىغا كىرىۋالىدۇ، بىر قىسمى بىڭتۇەن تەرەپكە قاراپ قاچىدۇ. شۇنىڭ
بىلەن مۇھەممەد ئىمىن قادىرنىڭ داڭق زەرەپشان دەرياسىنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋېنىگە
ئاڭلىنىپ تەسىر دائىرىسى كېڭىيىشكە باشلايدۇ. غەنىمەت ئالغان قوراللىرىمۇ
كۆپىيىشكە باشلايدۇ ھەمدە ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەسكەرلىككە كېلىپ تىزىمغا
ئالدۇرغانلارنىڭ سانىمۇ ئاشىدۇ.
بىر
كۈنى تۇيۇقسىز مەكىت تەرەپتىن قەشقەرگە يولغا چىققان بىر توپ ماشىنىنىڭ
تراكتور پونكىتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتىۋاتقانلىق خەۋىرى ئاڭلىنىدۇ، قارىسا ئۇلار
چاسا بۇدۈينىڭ(چاسا ھەربىي دېھقانچىلىق مەيدانى) قەشقەرگە قاراپ يولغا
چىققان تولۇق قوراللانغان ئەسكەرلىرى ئىكەنلىكى سېزىلىدۇ، بۇ ئىشتىن خەۋەر
تاپقان مۇھەممەد ئىمىن قادىر دەرھال يول توسۇپ، ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى
تارتىۋىلىشنى بۇيرۇيدۇ، ئەسكەرلەر گازارمىلاردىن چۇۋولۇپ چىقىپ، يول توسۇپ
ماشىنىغا چىقىپ ئەسكەرلەرنىڭ قوراللىرىنى ئالماقچى بولىدۇ، ئەسكەرلەر
قولىدىكى ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توسماقچى بولىدۇ، ئۇ
زاماندا، بىرەر تەشكىلات بىرەر جايغا باستۇرۇپ كىرسە، قارشى تەرەپ
مەقسەتلىك ھالدا كىرىدىغان يولنىڭ ئاغزىغا ماۋجۇشىنىڭ يوغان رەسىمىنى
توختىتىپ يول توسۇش ئۈچۈن ئىشلىتەتتى، ئەگەر ئۇلار ماۋجۇشىنىڭ رەسمىنى
بۇزۇۋەتسە، نەخ ئەكسىلئىنقىلابچى دەپ، ئۈستىدىن ئەرز شىكايەت قىلىپ،
يىرتىلغان رەسىمنى كۆتۈرۈپ دەسمى قىلىپ، ئۇلارنى قارىلايتتى، تۈرمىگە
تاشلايتتى. شۇ ۋەجىدىن بۇ ئەسكەرلەرمۇ قولىدىكى رەسىم بىلەن مۇھەممەد ئىمىن
قادىر ئەسكەرلىرىنى يۆل قىشقا دەسسىتىپ، ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكەت بىلەن
شۇغۇللاندى، ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىنى بۇزدى دېمەكچى ئىدى، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ
نىيىتىنى بىلگەن زەرەپشان جەڭچىلىرى، دەرھال قوللىرىغا پلىمۇت،
ئاپتۇماتلىرىنى ئېلىپ ئۇلارغا قارىتىپ ھەيۋە ئوقىنى ئاتىدۇ، ئۇلار ئوقنىڭ
شىددەتلىك ئاۋازىدىن ماۋجۇشى ۋەنسۈي! دېگەن گەپنى تەكرار ئېيتىشقىمۇ
ئۈلگۈرمەي، ماشىنىنىڭ ئىچىگە بېشىنى تىقىپ ئۆلۈمدىن قورقۇپ يېتىۋالىدۇ، شۇ
كۈنى يولدىن ئۆتكەن ماشىنىلارنىڭ سانى 30دىن ئارتۇق ئىكەن، خىتاي
ئەسكەرلىرى جانلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ماشىنىغا مۈكىنىۋالغان پۇرسەتتىن
پايدىلنىپ، زەرەپشان جەڭچىلىرى ماشىنىغا دەسسەپ چىقىپ، خىتاي
ئەسكەرلىرىنىڭ قولىدىكى قوراللىرىنى قولىغا چىققاننى ئېلىشقا باشلايدۇ،
ئالدىنقى بەش ماشىنا، بىر رىۋايەتتە ئالتە ماشىنىدىكى ختاي ئەسكەرلىرىنىڭ
قوراللىرىنى تارتىپ ئېلىپ بولغۇچە ئارقىدىكى 25 ماشىنا قوراللىق خىتاي
ئەسكەرلىرى ماشىنىنى ئارقىغا قايرىپ قېچىشقا باشلايدۇ، ئۇلارنى قوغلاشقا
ماشىنا بولمىغانلىقتىن ئىلاجىسىز قاچۇرۋىتىدۇ. شۇ كۈنى جەڭگە قاتناشقان،
قورال بۇلاشتا بىرىنچى بولۇپ، دۈشمەن ئەسكىرىنىڭ بېشىدىن ئاتىلدۇرۇپ ئوق
ئۈزگەن تەۋەككۇل ساراڭ دېگەن كىشى بىلەن مۇڭدىشىپ قالغان ئىدىم، ئۇمۇ 20
يىللىق كېسىلىپ پەيلو مەيدانىغا بارغان ئىدى، بىز بىر تۈرمىدە پەقەت بىر
نەچچە كۈنلا بىللە بولدۇق، كېيىن ئۇ پەيلونىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا كۈنەلمەي،
ئاچلىققا چىدىيالماي، بۇنداق ياشىغاندىن ئۆلگەن تۈزۈك دەپ دەيدىغان گېپىنى
دەپ - دەپ، قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئاچلىق ئېلان قىلىپ ئۆلۈپ كەتتى.
ئۇ
مۇنداق دېگەن ئىدى:
―
ئۇنىڭ قولىدا دىكتار پلىمۇت بار ئىكەن: «خىتاي ئەسكەرلىرى جاھىللىق قىلىپ،
قولىدىكى ماۋجۇشىنىڭ رەسمى بىلەن بىزنى توسۇپ، ماشىنىغا چىققىلى قويمىدى،
قارىسام ئىش چاتاق، شۇنىڭ بىلەن دەرھال قورالنى تەڭلەپ تۇرۇپ، بىر دىسكا
ئوق چىققۇچە ئوق ئۈزسەم، قورقۇنچاق خىتايلار ماۋجۇشى ۋەنسۈي! دېگەن گەپنى
ئېيتىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، ھەممىسى ماشىنىنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتتى، قارىسام
قولىدىكى كۆتۈرۈۋالغان رەسىملىرىمۇ يوق، بىر ۋاقتىدا قارىسام،
بىزنىڭكىلەر ھېچ نېمىگە قارىماي قورال ئېلىۋاتىدۇ، مەنمۇ ئوق ئۈزۈشنى
توختىتىپ، ماشىنىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ماشىنىغا چىقىپ، بەش تال قورالنى
كۆتۈرۈپ يەرگە چۈشتۈم، قوراللارنى يىغىشتۇرۇپ، تەكرار ماشىنىنىڭ يېنىغا
باراي دېسەم، قالغان ماشىنىلار قېچىپ كېتىپتۇ» دەپ ھېكايە قىلىپ بەرگەن
ئىدى.
مەن
ئۇ ئادەمنىڭ لەقىمىنىڭ «ساراڭ» ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، بىرسىدىن سورىغان
ئىدىم. تەۋەككۇل ساراڭ دېگەن ئۇ ئادەم يەكەندە تۇرۇشلۇق گومىنداڭ
پىرقىسىنىڭ گېنېرالى خۇڭيادوڭ دېگەننىڭ قولىدا ئەسكەر بولغان كونا
ئەسكەرلەردىن ئىكەن، ئۇ دائىم بۇ خىتايلاردىن ئاۋۇ قارا خىتايلار سەل ياخشى
ئىكەن، ئۇلارنىڭ نېمىلا بولمىسۇن سەل ئىنسابى بار ئىدى، گەپ قىلساق
گېپىمىزنى يەيتتى، ماۋۇ قىزىل خىتايلار نا ئىنساپ، ئېلىشنى بىلىدىغان،
بېرىشنى بىلمەيدىغان ئاچ خىتايلار ئىكەن. ئادەمنى ھېچ ئىش قىلغىلى
قويمايدىغان، نەيراڭۋاز كاززاپ خىتايلار ئىكەن، دەپ سۆزلەپ بېرەرمىشكەن.
ئۇنىڭ ساراڭلىق لەقىمىنىڭ پەيدا بولىشىنى سورىسام، مەكىت تراكتور
پونكىتىنىڭ ئىچىدە بىر كۈنى ئاخشامدا شامالدىغىلى ئەسكەرلەر گازارمىدىن
چىقىپ، ھويلىدا سەگىدەپ ئولتۇرۇشۇپتۇ، تەۋەككۇلمۇ ئۇلار بىلەن بىللە بىر
قانچەيلەن بىللە ئولتۇرغان ئىكەن، ئاسماندىكى بىر توپ قۇش ئۇچۇپ ئۆتىۋىتىپ،
تەۋەككۇلنىڭ بېشىغا شارتتىدا چىچىپ قويۇپتۇ، باشقىلار ئۇنى كۆرۈپ قاقاخلاپ
كۈلۈپ كېتىپتۇ، تەۋەككۇل قولىدىكى دىكتار پلىمۇتنى ئاسماندىكى قۇش توپىغا
قارىتىپ بىر دىسكا ئوق تۈگىگىچە ئېتىپتۇ، ھەممە يەر پاتپاراق بولۇپ، كاما -
كامادىن ئەسكەرلەر چۇۋۇلۇپ چىقىپتۇ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ،
مۇھەممەد ئىمىن قادىرمۇ چىقىپ سوراپتۇ، بولغان ئەھۋالنى دەپ بەرسە،
مۇھەممەد ئىمىن قادىر: «ساراڭ بىر ئاداشكەن، شۇنىڭغىمۇ ئوق چىقىرىپ ھەممىنى
پاراكەندە قىلامدۇ!» دەپ كايىغان ئىكەن، شۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئۇنىڭغا
ساراڭ لەقىمى يۇقۇپ قالغان ئىكەن.
5 ،
6 ماشىنا قورالغا ئېرىشكەن بۇ قوشۇنغا غايەت زور كۈچ قوشۇلۇپ، قورال
ياراغلارنىڭ سانىنى ئېلىپ، داۋاملىق ئەسكەر ئېلىشقا پۈتۈن ناھىيىگە ئومۇمى
چاقىرىق چىقىرىپتۇ، بۇلارنىڭ كۆپلەپ قورالغا ئىگە بولغانلىق خەۋىرى چاقماق
تېزلىكىدە ھەممە يەرگە تارقىلىپتۇ، تەرەپ ـ تەرەپتىن مۇھەممەد ئىمىن
قادىرغا ئەسكەر بولىدىغانلار كېلىپ ئۆزلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشقا باشلاپتۇ.
يېقىن ناھىيە – يېزىدىكىلەرمۇ كېلىپ مۇھەممەد ئىمىن قادىرغا ئەسكەر بوپتۇ.
مۇھەممەد ئىمىن قادىر ئەسكەرلەرنى بىر قېتىم تەرتىپكە سېلىپ، قاچۇرىۋەتكەن
قوراللارنى قانداق قىلىپ قولغا چۈشۈرۈش ھەققىدە خيالغا چۈمۈپتۇ، بۇنى
يېقىنلىرىدىن ئەڭ ياش مۇھاپىزەتچىسى ئابدۇسەمەت ئوبولغا مەسلىھەت ساپتۇ،
ئابدۇسەمەت ئوبۇل شۇ ۋاقتىدا 16 ياشقا توشمىغان بىر كىچىك بالا ئىكەن،
ئۇنىڭ باتۇرلۇقىدىن، قورقماس يۈرەك بىر پارچە ئوتنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى
سەزگەن مۇھەممەد ئىمىن قادىر، ئۇنى 2 - مۇھاپىزەتچىلككە يەنى فۇگەنلىككە
قويغان ئىكەن، ئابدۇسەمەت ئوبۇلمۇ 20 يىللىق كېسىلىپ ئۇزۇن يىل مەن بىلەن
بىر تۈرمىدە بىللە بولغان ئىدى، مەن ئۇنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىمەن، ئۇنىڭ
ئەسلى يۇرتى يوپۇرغىنىڭ تىرىم يېزىسىدىن ئىكەن، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ لەقىمى
ئوبۇل تىرىم ئىدى، ئابدۇسەمەت ئوبۇل 20 يىللىق كېسىلىپ، تۈرمىگە بارغاندىن
كېيىن دادىسى ئۇنى يوقلاپ پات ـ پات كېلىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى
خەۋەر ئالاتتى، ئۇ زاماندا تۈرمىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بەك ناچار، قورساق
تويمايتتى، ئەمگەك ئېغىر ئىدى، ئادەملەر ئاچلىقتىن پات ـ پات ئۆلۈپ
تۇراتتى، ئابدۇسەمەتنىڭ دادىسىنىڭ قول ئىلكىدە بار ئادەم بولغاچقا ئۇنى
ئايدا كېلىپ يوقلاپ كېتەتتى، ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىنى چەكلىمە بىلەن تۈرمە
باشلىقى ئېلىپ بەرمىسىمۇ، ئەمما ئوبۇل تىرىم ھەر باھانا بىلەن ئېلىپ كەلگەن
يېمەك - ئىچمەكلىرىنى ئەپلەپ سەپلەپ ئابدۇسەمەتكە قالدۇرۇپ كېتەتتى،
ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتى يوپۇرغىنىڭ تىرىم يېزىسىدىن بولغاچقا كىشىلەر ئۇنى
ئوبۇل تىرىم دەپ ئاتىشىدىكەن، كېيىن ئۇ ئائىلە مەكىتكە بېرىپ يەرلىشىپ
قالغان ئىكەن، پەيلو مەيدانىغا جىنايەتچىلەرنى يوقلاپ كېلىدىغان ئادەملەر
ئاز ئەمەس ئىدى. بىر كۈنى تۇغقانلىرىنى يوقلاپ كەلگەنلەردىن بىر كىشى
يىغلاۋاتسا، ئوبۇل تىرىم ئۇ ئادەمنى ئەيىبلەپ: «ئادەم بالا دېگەننى كارغا
كېلىدۇ دەپ باقىدۇ، مەن بالامدىن پەخىرلىنىمەن، ئوغۇل بالا دېگەننى جەڭگە
ياراتقان، يا ئوغۇرلۇق قىلىپ، يا بۇلاڭچىلىق قىلىپ، يا خوتۇن قىزلارغا
چىقىلىپ كىرىپ قالمىدى، ئۇنداق ئىشلارنى قىلىپ كىرىپ قالغان بولسا نېمە
دېگۈلۈك!» دېگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن ئابدۇسەمەتكە ۋە ئۇنىڭ
ئائىلىسىگە ھۆرمىتىم بار ئىدى. مەن بۇ يېزىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى
ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم، ئۇ مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە باشتىن ـ
ئاخىر بىللە بولغانلاردىن بىرسى ئىدى . ئەسلىدە ئۇنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم
قىلغان ئىدى، يېشى كىچىك 17 ياشقا تولۇق توشمىغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈم
ئۆزگەرتىلىپ 20 يىللىققا چۈشۈرۈىتىلگەن ئىدى.
ئابدۇسەمەت ئوبۇل دەرھال مۇھەممەد ئىمىن قادىرغا مەسلىھەت بېرىپ، ئادەم
ئەۋەتىپ تەكشۈرۈپ كۆرەيلى، ئۇ قوراللار بارمۇ ياكى يوقمۇ، نەگە يوشۇرۇنغان؟
دېگەن تەھلىل بىلەن، مەخسۇس بىر نەچچە ئادەمنى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ
بېرىپتۇ، ئۇ قوراللارنىڭ ھەممىسى مەكىت ناھىيىسىنىڭ چاسا دېگەن يېرىدە بار
ئىكەنلىكى، ئۇ قوراللارنى مارالبېشى ئارقىلىق قەشقەرگە ئېلىپ
كېتەلمەيدىغانلىقى، چۈنكى قەشقەردىمۇ ئوخشاشلا ئىسيانچىلارنىڭ تەسىرىنىڭ
كۈچلۈك ئىكەنلىكى تەھلىل قىلنىپ، تەكشۈرۈشكە بارغان ئادەملەر قايتىپ كەپتۇ،
ئۇ قوراللارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، ئابدۇسەمەت ئوبۇل بىر تۈركۈم ياراملىق
ئەزىمەتلەرنى ئېلىپ، ئۆزى قۇماندان بولۇپ يولغا چىقىپتۇ. مەكىتنىڭ چاسا
دېگەن يېرىگە بېرىشنىڭ ئالدىدا، ئەتراپتىكى يېزىلارغا، تەشۋىقات ئېلىپ
بېرىپ، مۇھەممەد ئىمىن قادىرنىڭ قوشۇنىغا ئەسكەر بولىدىغانلارنى تىزىملاپ
ئەسكەر قوبۇل قىپتۇ، ئابدۇسەمەتنىڭ دەپ بېرىشىچە، مارالبېىشىنىڭ ئاۋات،
يېڭى ئۆستەڭ، ئاقساقمارال، چۇڭقۇچاق، سېرىق بويا يېزىلىرىدىنمۇ ئادەملەر
كېلىپ ئەسكەر بولغىلى تۇرغان ئىدى، دەيدۇ. ئادەم ئۈستىگە ئادەم توشۇپ
كېتىپتۇ، سانىنى ئېلىشمۇ قىيىن بوپتۇ، يېقىن ئەتراپتىكى دادۈي، شودۈيلەرگە
ئات ھارۋىسى ئېلىپ كېلىشنى تاپىلاپتۇ، ھەممە تەييارلىق پۈتۈپتۇ، چاسا
بۇدۈيگە بېرىپتۇ، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ باشلىقىنى تۇتۇپ، ئايرىم – ئايرىم
سوراق قىلىپ قورال ياراغلارنىڭ بار يېرىنى سوراپتۇ، ئۇلار بىزدە قورال يوق،
بىز تىرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىمىز، بۇ بولسا دېھقانچىلىق مەيدانى دەپ گەپ
يوغىلىتىپتۇ، بارغان دېھقانلار ھەممە يەرنى تىرە پىرەڭ قىلىۋىتىپتۇ،
ئاقتۇرمىغان ئۈستى يېپىق ئۆي، خالا، ئات ـ ئۇلاغ قوتانلىرى قالماپتۇ،
بەزىلەر راس بۇلاردا قورال يوق بولسا كېرەك دەپ، يالتىيىپتۇ، ئەمما
ئابدۇسەمەت ئوبۇل ئۇلارنىڭ پەرىزىنى قەتئىي رەت قىلىپ، تەكشۈرۈشنى
داۋاملاشتۇرۇپتۇ، ئاخىرى بولمىغاندا ئۇلارنىڭ تۇەنجاڭ، سەنمۇجاڭلىرى
قاتارلىق باشلىقلىرىنى بىردىن ـ بىردىن باغلاپ، بەزىلىرىنى جىگدە دەرىخىگە
ئېسىپ قويۇپ، ئاستىغا يانتاق توپلاپ ئوت يېقىپ، سەنلەرنى كۆيدۈرۈپ
ئۆلتۈرىمىز دەپ ھەيۋە قىپتۇ، يەنە بەزىلىرىنى يازنىڭ ئاپتىپىدا قۇمغا كۆمۈپ
پۇتىدىن باشلاپ قۇم تاشلاپ، ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلاپتۇ، قۇم بارىخىنى
بىلىگە، گەجگىسىگە، بوينىغا كەلگەندە بىرسى يەرنى تېپىپ «بۇيەردە قورال
يوق، بۇ يەردە قورال يوق» دەپ ھەدەپ يەرگە قارىغىلى تۇرۇپتۇ، ئۈزمەي يەرنى
دەسسىگىلى تۇرۇپتۇ، ئابدۇسەمەت ئوبۇل دەرھال يەرنى كولاڭلار دەپ بۇيرۇق
قىلسا، دەل يەر ئاستىغا 30 سانتى چۇڭقۇرلۇقتا پۈتۈن قوراللارنى تراكتور
بىلەن شۈلگەي قىلىپ ئاغدۇرۇپ كۆمىۋەتكەن ئىكەن، ئېسىلغان خىتايلار جايى
جايىدا قاپتۇ، كۆمۈلگەن باشلىقلىرى جايىدا قاپتۇ، ھەممە ئادەم ئالامان -
تالامان يەر كولاشقا كىرىشىپتۇ، پۈتۈن دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ يەرلىرىنىڭ
ھەممىسى ئاختامىلققا ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، تراكتور ساپىنىنىڭ ياردىمى
بىلەن پۈتۈن قوراللار كۆمۈلگەن ئىكەن، ئالە – ئالە قۇشلىرىم كۈچۈڭ يەتسە
ئالساڭچۇ دەپ ھەركىم قولىغا كەلگەننى ئالغىلى باشلاپتۇ. ئادەمنىڭ
جىقلىقىدىن پۈتۈن دېھقانچىلىق مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا چۈمۈلۈپتۇ. بىردەمنىڭ
ئىچىدە قاقاس ئاختامىلىق يەر، ياغاچ – تاختاي يىشىكنىڭ قالدۇقلىرىغا توشۇپ
كېتىپتۇ، قوراللار ياغاچ ساندۇق، يىشىكلەرگە قاچىلىنىپ كۆمۈلگەن ئىكەن. ئۇ
كۈندىكى كۆرۈنۈشنى سۆز بىلەن تەسۋىرلەش ناھايىتى قىيىن ئىدى، دەيدۇ
ئابدۇسەمەت ئوبۇل. ئابدۇسەمەت ئوبۇلنىڭ دېيىشچە: قوراللارنىڭ كۆپلىكىدىن
توشۇپ بولالماي، نەچچە كۈن تۇرۇپ قالغان ئىدۇق، قوراللارنىڭ سانىمۇ
ھېساپسىز كۆپ، تۈرىمۇ ناھايىتى سەرخىل ئىدى. ئوق دورىلىرىمۇ يېتەرلىك ئىدى،
ھەممىسىنى بىخارامان ئىشلىتەلىگەن ئىدۇق. ئۇنىڭ ئىچىدە تۆت دانە ستانكىۋاي
پلىمۇت بار ئىكەن، ئۇنىڭ زاپچاسلىرى كەم ئىكەن، تراكتۇر پونكىتىغا
ئەكەلگەندىن كېيىن ئىبراھىم نامان ياسىغان ئىدى.
ئىبراھىم نامانمۇ شۇ ئىش بىلەن 20 يىل كېسىلىپ بىز بىلەن بىللە پەيلو
مەيدانىدا تۇرغان ئىدى.
قوراللارنىڭ كۆپ قىسمى مەكىت تراكتۇر پونكىتىغا ئېلىپ كېلىنىپتۇ، بىر
قىسمىنى دېھقانلار ئېلىپ كېتىپتۇ، لېكىن قوراللارنىڭ ھەقىقى سانىنى
ئالالمىغان ئىكەن، مۇھەممەد ئىمىن قادىرمۇ سانىنى ھازىرچە ئالماي تۇرۇڭلا
دەپ بۇيرۇق قىلغان ئىكەن.
چاسا
ۋەقەسى بىردىنلا قەشقەر ۋىلايىتىگە تارالغان ئىدى، مەكىتتە قورال سودىسى
ئەۋج ئالغان ئىكەن، بىر ۋاقىتلاردا مەكىتتىن قورال سېتىۋىلىپ كەلدۇق، دېگەن
گەپلەرنى مەنمۇ قەشقەردە ئاڭلىغان ئىدىم.
مۇھەممەد ئىمىن قادىرنىڭ تەسىرى چوڭىيىپ، ئەسكەرلەر سانىمۇ كۈندىن ـ كۈنگە
ئېشىپ، مەكىتنىڭ ناھىيە ئىچىدىكى ئازغىنا قىسمىدىن باشقا بارلىق يېزىلار،
ئېتىز - ئېرىق، دەريالىرىمۇ مۇھەممەد ئىمىن قادىرنىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتكەن
ئىكەن، پەقەت ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىلەن، سودا ئىدارىسىنىڭ ئىچىدىلا 100گە
يەتمىگەن ئادەم قالغان ئىكەن. يېزا – يېزىدىن كېلىۋاتقان ياردەملەر، يېمەك
ـ ئىچمەكلەر، سويۇلىۋاتقان قوي، كالىلارنىڭ سانى ھەددى ھېسابسىز جىق ئىكەن.
پوسكام كۆۋرۈك ۋەقەسى
يەكەندىن پوسكامغا ئۆتىدىغان ئۇزۇن بىر كۆۋرۈك بار، بۇ كۆۋرۈك زەرەپشان
دەرياسى ئۈستىگە سېلىنغان زامانىۋى كۆۋرۈك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى جەھەتتە
جەنۇپتا 3 - ئورۇندا تۇرىدىغان كۆۋرۈك. مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ شۇ
مەزگىللىرىدە كۆۋرۈكنى ساقلاۋاتقان بىر روتا 100 دەك قوراللىق ئەسكەر بار
ئىكەن. قوراللىق ئەسكەرلەرنىڭ پوسكام كۆۋرۈكىنى ساقلاۋاتقانلىق خەۋىرى
مەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن دوكلات قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى
تارتىۋىلىشقا ئادەم بارىدىغان بوپتۇ، بۇ ئىشقىمۇ يەنە تەجرىبىلىك
ئابدۇسەمەت ئوبۇلنى ئەۋەتىپتۇ. ئابدۇسەمەت ئوبۇل ياراملىق ئادەملىرىدىن 10
دەك ئادەمنى ئېلىپ، كۆۋرۈككە يېقىنلىشىپ، كۈزىتىش ئېلىپ بېرىپتۇ، خىتاي
ئەسكەرلىرىنىڭ پوس ئالمىشىش ۋاقتى، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى
ئىگەللەپتۇ. پوس ھەر ئىككى سائەتتە بىر ئالمىشىشىدىكەن، كۆۋرۈكنىڭ ئۇ
تەرىپىدە بىر پوس، بۇ تەرىپىدە بىر پوس قوراللىق تۇرىدىكەن، ئوتتۇرىدا
مېڭىپ يۈرۈيدىغان يەنە ئىككى پوس بار ئىكەن، ئۇلار غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ
مېڭىپ يۈرۈيدىكەن، باش شىتابىدا ئۇلارنىڭ ئەسكىرى باشلىقلىرى ۋە قالدۇق
ئەسكەرلىرى ئىككى يوغان زال ئۆيگە كىرىپ ئۇخلايدىكەن. ئابدۇسەمەت ئوبۇلنىڭ
ئەسكەرلىرى ھەممىنى پۇختا ئىگەللەپ بولغاندىن كېيىن، ھەرىكەت ۋاقتىنى دەل
سائەت تۆت يېرىمغا توغرىلاپ قول سالماقچى بوپتۇ. ئابدۇسەمەتنىڭ ئەسكەرلىرى
بىر دالدىغا كىرىپ پوس قويۇپ ئۇخلاپتۇ، سائەت توشقاندا ئورنىدىن تۇرۇپ،
ئالدى بىلەن ھەر ئىككى تەرەپتىكى پوسنى تۇتۇپ، باغلاپ، كۆۋرۈكنىڭ ئاستىغا
ئېلىپ چۈشۈپ، ماتاپ يۇغۇشتۇرۇپتۇ، ئۆتەشمە پوس يېقىنلاشقاندا دەرھال قورال
تەڭلەپ، ئاۋاز چىقارساڭ ئاتىمەن دەپ، پوپوزا قىپتۇ، ئۇ ئىككى ئەسكەرمۇ
غىڭپىڭ قىلماي، قورال تاپشۇرۇپ، تەسلىم بوپتۇ، ئۇنىمۇ راۋورۇس ماتاپ
باغلاپ، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ياتار ئۇۋىسىغا كىرىپ، قاتتىق توۋلاپ،
قىمىرلىما! قىمىر لىدىڭ، ئېتىپ تاشلايمەن دەپ، دەرىزە – دەرىزىدىن
قوراللارنى تەڭلەپ، مىدىرلاتماپتۇ، تۆت ئادەم ئىچىگە كىرىپ پۈتۈن
قوراللارنى پاك – پاكىزە ئېلىپ، قايتىدىغان ۋاقتىدا ياشىسۇن ماۋجۇشى! دەپ
ئۆزلىرىنىڭ ئىسيانچى ئىكەنلىكىنى نامايەندە قىپتۇ، ئۇنداق دېيىشتىن مەقسەت،
خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئارقىدىن قوغلاپ ئوق چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن،
ئۇ زاماندا، ئىسيانچىلارغا ئارمىيەنىڭ ئوق چىقىرىشى چەكلەنگەن ئىدى. ئۇلار
قوراللارنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن خىتايلارنىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ
قاسقاندىكى مومىلىرىنى تويغۇدەك ئېلىپ، بىخارامان چىكىنىپتۇ، مەن
ئابدۇسەمەتتىن يالغۇز مومىنى ئېلىپ باشقا تامىقىنى ئالمىدىڭلارمۇ؟ دەپ
چاخچاق قىلسام: «ئۇ خىتايلىنىڭ قاسقاندا پۇشۇرغان مومىسىدا شەك يوق، باشقا
نېمىلىرىنى يېگىلى بولمايدۇ، ئەمەسمۇ!» دەپ كۈلۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار
قوراللارنى ئېلىپ يول بويىدىكى ئالدىن تەييارلانغان ماشىنىغا چۈشۈپ مەكىت
تەرەپكە مېڭىپتۇ، ئۇ زاماننىڭ يوللىرى توپا يول، كاتاڭ، ئېگىز ـ پەس
بولغانلىقتىن، ئارقىدىن قوغلاپ كەلگەن جاۋتوڭ خۇڭچى دېگەن ۋاڭ ئېنماۋنى
قوغدايدىغان تەشكىلاتتىكىلەر يېتىشىپ قاپتۇ، ئابدۇسەمەت ئوبۇل دەرھال
بۇيرۇق بېرىپ، «ھەممىڭلار تارقىلىپ قوراللارنى ئېلىپ، تراكتۇر پونكىتىغا
يىغىلىڭلار» دەپ ھەممەيلەننى تارقىتىۋىتىپتۇ، ئۇلار ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ
قوناقلىقنىڭ ئارىلىرىغا كىرىپ، تەرەپ - تەرەپكە بۆلىنىپ غايىپ بوپتۇ، چۈنكى
ئۇلار يەرلىك بولغانلىقتىن يەر شارائىتىنى ياخشى بىلىدىكەن، قوغلاپ كەلگەن
خىتايلار ھېچ نېمىگە ئېرىشەلمەي قايتىپ كېتىپتۇ. ئابدۇسەمەت ئوبۇلنىڭ
ئەسكەرلىرى ئەگرى چىغىر يوللار بىلەن 3 - 2 كۈندىن كېيىن ، 4 - 3 تىن ئادەم
بىللە تراكتۇر پونكىتىغا جەم بوپتۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يەرلىك
دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە يوشۇرنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇھەممەد ئىمىن قادىرنىڭ
ئەسكەرلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئېشەك، كالا ھارۋىلىرىغا
ئولتۇرۇپ، قوراللىرىنى شاخ شۇمبىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ يولغا چىقىشىغا
ياردەملەشكەن ئىكەن.
مەن
ئۆگىنىش كۇرسىغا ئەمدى يېڭىدىن كېلىپ ئىككى كۈندەك بولغان ئىدى. بۇ 1969 -
يىل 10 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئىدى. بىر تۈركۈم خىتايلار ئۆگىنىش كۇرسىغا
باستۇرۇپلا كىردى. مەن ھېچ نېمىنى ئاڭقىرالماي قالدىم. ئۇلار ئابدۇسەمەت
ئوبولنى ئىزدىدى، ئۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ خىتاي تىلىدا:
―
بىزنى قۇمغا كۆمگەن تۇخۇمى بۇزۇق مۇشۇ شۇ! دەپ باشقىلارغا تونۇشتۇردى.
ئۇلاردىن بىر نەچچىسى ئابدۇسەمەتنىڭ يېشىنى سوراپ، بۇ تېخى كىچىككىنا بىر
نېمە ئىكەنغۇ، بىڭسىسى نېمە دېگەن چوڭ! بۇنى ھايال قالماي ئۆلتۈرش كېرەك،
دېگەن ئىدى.
مەكىتتە بولۇۋاتقان ئىشلاردىن تولۇق خەۋەر تاپقان ئاخۇنوپ، دەرھال مەكىتنى
تەپسىلى كۆزدىن كەچۈرۈشكە، مۇھەممەد ئىمىن قادىر ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيىۋى روھى
ھالىتىنى بىلىپ كېلىشكە پىشقان تەجرىبىلىك ئادەملەرنى ئەۋەتىدۇ. مۇھەممەد
ئىمىن قادىر ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىر مەزگىل بىللە بولۇپ، تەكشۈرۈش
ئېلىپ بارغان خادىملار ھەممە ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قايتىپ كېلىپ
ئۆز پېتى ئاخۇنوپقا دوكلات قىلىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن مەكىتتە
پارتىيە ياچىيكىسى قۇرۇشنىڭ جىددى زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلغان قەشقەر بىيورو،
بۇ ئىشقا جىددى تۇتۇش قىلىدۇ ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى قۇبۇل قىلىش ئىشلىرىنى
باشلىۋىتىدۇ، مەمەت كىرىم پولكنىڭ كوممىسارلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. پارتىيە
تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ ئىشلار تەرتىپكە چۈشكەندىن كېيىن، ئىككىنچى قەدەمدە
ئارمىيەنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىپ قەشقەردىن پىشقەدەم،
تەجرىبىلىك ئوفىتسىرلارنى ئەۋەتىپ پۈتۈن ئەسكىرى تەرتىپ ئورنىتىپ، بەندىن
تارتىپ پەيگىچە، پەيدىن تارتىپ روتىغىچە ئەسكەرلەرنى تىزىملاپ ئۇنىڭ
كوماندىرلىرىنى بىكىتىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن باتالىيون، ئەڭ ئاخىرىدا پولكنىڭ
شىتابى ۋە مۇھاپىزەتچىلەر ئەترەتلىرىگىچە بىر قەدەر زامانىۋى تۈسنى ئالغان
ھەربىي تىپتىكى ئورگاننى دەسلەپكى قەدەمدە تەسىس قىلىدۇ.
مەن
ئالدىنقى قېتىم بارغىنىمدا قالايمىقان، تەرتىپسىز، يا پارتىزانغا
ئوخشىمايدىغان، يا ئارمىيىگە ئوخشىمايدىغا بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئۇياقتىن ـ
بۇياققا قالايمىقان چېپىپ يۈرگەنلىكىنى، تراكتور پونكىتىنىڭ ئىچىدە قورال
سودىسىدىن باشقا بىر ئىشنىڭ يوقلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ بىر جېنىغا ئىككى
تاپانچا بىلەن بىر ئۇزۇن قورالنى ئېسىۋىلىپ لاغايلاپ يۈرگەنلىكىنى،
ئۇيەردە، بۇيەردە قازان – قازاندا گۆش پۇشۇرۇپ، كاۋاپ ئېتىپ يەپ، قېنى –
قېنىغا پاتماي، ھېچ ئىشتىن خەۋىرى يوق ئادەملەردەك بىخارامان يۈرگەنلىكىنى،
بىر بۇلۇڭدا قاسساپلارنىڭ قوي، كالىلارنى يەرگە بېسىپ بۇنى بۈگۈن سويايلى،
ئەتە ئانى سويايلى دەپ گەپ تالىشىۋاتقانلىقىنى، كوچىلاردا ئادەملەر يېڭى
ھاكىمىيەت قۇرۇپ، كونا ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۋەتكەندەك بىر خىل ھېسسى مېڭىش
تۇرۇش بىلەن ئۇيەر – بۇيەردە جان سازلىق بىلەن يېڭىدىن ئىش – ئوقەتكە
كىرىشكەن كىشىلەرنىڭ قانداقتۇر ماللىرىنى ساتقاندا خىرىدارلىرىغا مەمنۇن
بولغان ھالدا: «ياشىسۇن مۇھەممد ئىمىن قادىر سىلىڭ! بۇ ھەممىسى مۇھەممەد
ئىمىن قادىرنىڭ رەھبەرلىكى!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بازاردىن قايتىپ
كېلىپ باشقىلاردىن سورىسام، بۇ ھېچ گەپ ئەمەس، مارالبېشىنىڭ ئاۋات
گۇڭشىسىدىن تارتىپ مارالبېشىغىچە بولغان ئارىلىقنىڭ ھەممىسدە، خەلقلەر
ياشىسۇن مۇھەممەد ئىمىن قادىر! دەيدىغان بولۇپ كەتتى، بىزمۇ ئۇلارنى توسۇپ
قالالمىدۇق، دېيىشكەن ئىدى. بۇ قېتىم بارغىنىمدا ئەھۋال تامامەن ئۆزگەرگەن
ئىدى.
تۆتىنچى باپ
قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ باشلىنىشى
18 –
ئاۋغۇست تۇتقۇنى
1969
- يىلى 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خىتاي مەركىزى كومىتىتىنىڭ جىددى ئۇقتۇرۇشى
كېلىپ ھەممە تەشكىلاتلارغا ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. ئۇختۇرۇشدا بارلىق
تەشكىلاتلار قورال تاپشۇرۇپ چوڭ بىرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ
ئەكسىلئىنقىلابىي بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چەتئەل قوشۇنلىرىنىڭ
باستۇرۇپ كېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى تەكىتلەنگەن ئىدى. ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا
ئارقا – ئارقىدىن كېلىۋاتقان ھەربىي ۋەكىل ۋە باشقا تەشۋىقات ئۆمەكلىرى
قورال تاپشۇرۇشقا دەۋەت قىلىۋاتاتتى.
بۇ
ئىشتىن تۇلۇق خەۋەر تاپقان شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ
قوراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىش قوماندانلىق شىتابى جىددى ھەرىكەت
قىلماقتا ئىدى.
1969
– يىلى 8 – ئاينىڭ 18 – كۈنى قەشقەر شەھىرىدە يېرىم كېچە بولغاندا، چوڭ بىر
تۇتقۇن بولغان ئىدى. ئۈرۈمچىىدىكى مەلۇم بىر ساتقۇننىڭ خائىنلىق قىلىشى
بىلەن قەشقەردە پات ئارىدا پارتلايدىغان قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ ھەرىكەت
يۆنىلىشى پاش قىلىنغان ئىكەن. بۇ تۇتقۇندا شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى
پارتىيىسى قەشقەر بىيوروسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە قوراللىق قوزغىلاڭغا
رەھبەرلىك قىلىش قوماندانلىق شىتابىنىڭ بىر قىسىم مۇھىم ئەزالىرى تۇتقۇن
قىلىنغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىسمى تۆۋەندىكىچە:
تۇردى ئەلى قەشقەرپىداگوكىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى،
ئابدۇرەھىم ئەييۇپ قەشقەر ۋىلايەتلىك ماددى ئەشيالار باشقارمىسىنىڭ
باشلىقى،
ئابدۇرەھىم پەتەك قەشقەرنىڭ سابىق ۋالىسى،
ئىمىنوپ ھامىت قەشقەرنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى،
ئوبۇلقاسىم ھامۇت ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى سىياسىي باشقارمىنىڭ
باشقارما باشلىقى،
ئابدۇكىرىم ھامۇت قەشقەر كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش باشقارمىسىنىڭ
باشلىقى،
يۇسۇف شەھىدى قەشقەر يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش مەكتىپىنىڭ مۇدىرى،
قۇربانوپ قەشقەر پىداگوكىكا ئىنىستىتۇتى ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى،
مۇھەممەد رەھىم گودەيزى شىنجاڭ ھەربىي رايون سىياسى باشقارما ئالى
دەرىجىلىك تەرجىمانى،
ئابلەت شۇجى توققۇزاق ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى،
ئىيسا ئىبراھىم توققۇزاق ناھىيە، بەشكىرەم ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى،
ئۇندىن باشقا قوشنا ئوبلاست ۋە ناھىيىلەردىنمۇ بىر قىسىم كىشىلەر تۇتقۇن
قىلىنىدۇ.
تۇتۇشقا كەلگەن ئەسكەرلەر ئاخۇنوپنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئاخۇنوپنى تۇتۇپ، ئۇيەر
بۇيەرنى ئاختۇرۇپ، ئالىدىغاننى ئېلىپ، ئاخۇنوپنى ئېلىپ مېڭىشقا
تەمشەلگەندە، ئاخۇنوپنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان، زىرەك
– ئەقىللىق قىزى ئادالەت چەپدەسلىك بىلەن ھويلىنىڭ چىرىقىنى تارتىپ
ئۆچۈرىۋىتىدۇ ـ دە، ھەممە يەر قاپقاراڭغۇغا چۆمىدۇ، پۇرسەتنى غەنىمەت
بىلگەن ئاخۇنوپ دەر ھال ئۆگزىسىگە چىقىپ، تامدىن ئارتىلىپ، خوشنىلىرىنىڭ
بىر نەچچە ئۆگزىسىنى بېسىپ، ئېگىز سىرەج تاملاردىن سەكرەپ يەرگە چۈشۈپ
قېچىپ كېتىدۇ.
تۇتۇشقا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي ئەسكەرلىرى ئىكەن، بىرمۇ ئۇيغۇر ئەسكەر
ياكى كادىر يوق ئىكەن. قەشقەرنىڭ يەر شارائىتىنى بىلمىگەن بۇ خىتايلار
ئارقىدىن قوغلاپ بىقىپ يول تاپالماي، ئەييو دىسە، ئەييو، تا پاۋلى (ئۇ
قاچتى، ئەمدى قانداق قىلامىز ) دەپ قايتىپ كېتىشىدۇ. ئۇ زاماندا، پۈتۈن
ئىدارە، جەمئىيەت ئورگانلارنىڭ ھوقۇقى ھەربىيلەر تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلەتتى،
سىياسىي قانۇن كادىر ساقچىلىرىنىڭ ھەممىسى قەشقەر پارتىيە مەكتىپىگە يىغىپ
ئېلىنىپ، ئۆگىنىش كۇرستا بەنت ئىدى، ساناقلىقلا ئۇيغۇر كادىر قالغان ئىدى.
قەشقەردە ھەربىي ئىدارە قىلىش كومىتىتى بىلەن خەلق قۇغداش گوروپپىسى دېگىنى
سىياسىي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئىشىنى قىلاتتى. ئادەم تۇتۇش، سوتلاش، ھۆكۈم
چىقىرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىىسىنى شۇلار قىلاتتى.
ئاخۇنوپ شۇ قاچقانچە سەپداشلىرىدىن ئابلىمىت ئەينەكنىڭ دۇكىنىغا بارىدۇ،
ئۇيەردىن ھەزىموپنىڭ زاۋوتىغا بارىدۇ، ھەزىموپ ئاخۇنوپنىڭ يېقىن
سەپداشلىرى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىدىن
ئىدى، زاۋوتقا ئىشقا كېلىدىغانلارنىڭ ئالدى ئەتىگەندە كېلىشكە باشلىغاندىن
كېيىن، غازاخۇننىڭ ئۆيىگە يوشۇرنىدۇ. ئۆيگە بېرىپ، بولغان ئىشنى دەرھال
پۈتۈن تەشكىلات ئەزالىرىغا ئۇختۇرىدۇ ھەمدە ئەتىسى سەمەندىكى قۇربان
نىيازنىڭ ئۆيىدە يىغىن ئاچىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇختۇرۇش تارقىتىدۇ، يىغىن
مەيدانىغا بېرش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقماقچى بولغاندا، مەھەللىنىڭ دوقمۇشىدا بىر
قانچە ساقچىلار گەپ سېتىپ ئولتۇرغان ئىكەن، ئۆيدىن چىقىشقا مۈمكىن
بولمايدۇ، يوشۇرۇنغان ئۆي، ياۋاغ پەيچوسونىڭ يېنىدىكى ئاخۇنوپنىڭ قەدىمى
سەپدىشى، مىللى ئارمىيىدە بىللە ئىشلىگەن پىشقەدەم رازۋىتچىك غازاخۇن
دېگەننىڭ ئۆيى ئىكەن. يىغىن ۋاقتى قىستاپ كېلىپ قالىدۇ، ئاخۇنوپ ئۆيدىن
چىقالمايدۇ، تىت – تىت بولۇپ كېتىدۇ. ئاخۇنوپنىڭ تىت – تىت بولغانلىقىنى
سەزگەن غازاخۇن، دەر ھال ئۆيىدىكى بازارغا مال ئەپچىقىپ ساتىدىغان قول
ھارۋىسىغا ئاخۇنوپنى ياتقۇزىدۇ، ئاخۇنوپ ئۇئادەمنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى
زادى چۈشەنمەيدۇ. ئۇكام دەپ گەپ قىلىدىغان غازاخۇن، ئاخۇنوپقا، «ياتسىلا!
دېگەندىكىن ياتسىلا! مەن سىلىنى كوچىغا ئەپچىقىپ سىلە بارىدىغان يەرگە
ئۆزەم ئاپىرىپ قويىمەن» دەيدۇ، ئاخۇنوپ يەنە ئۇنىماي، ئۇ ئادەمنىڭ
نېمىلەرنى قىلماقچى بولغانلىقىنى زادى چۈشەنمەيدۇ، غازاخۇن ئاخۇنوپنى
ھارۋىغا ياتقۇزۇپ، ئەسكى چاپان بىلەن باش – كۆزىنى يېپىپ، بىر شىشە ئاق
ھاراقنى ئاخۇنوپنىڭ ھەممە يېرىگە قالايمىقان چېچىپ، بېشى قويۇلغان يەرگە
بىر چىنە ئاشنى تۆكۈپ، قۇسقان مەيدان ياساپ، ھارۋىنى ھەيدەپ كوچىغا ماڭىدۇ،
ھارۋىنى ھەيدەپ ساقچىلارنىڭ ئالدىغا كەلگەندە: «ئادەم دېگەن بالا باققۇچە
ئىت باقسا بولىدىكەن، كۆرمەملا بۇ گۇينىڭ قىلغان ئىشىنى، كۈپ كۈندۈزدە
نومۇس قىلماي ھاراق ئىچىپ، مېنى بۇشەھەردە ياشىغۇسىز قىلىۋەتتى» دەيدۇ،
ساقچىلار ھاراقىنىڭ سېسىق بۇرىقىدىن كۆڭلى ئاينىپ، ۋەي! غازاخۇن ماۋۇ
بالاڭلىنى تېز ئەپكىتىڭلا مەۋەدىن دەپ زورلايدۇ ھەمدە «بالاڭلىنى نەگە
ئېلىپ ماڭدىڭلار» دەپ گەپ سورايدۇ. غازاخۇن ھېچ ئىككىلەنمەستىن: «تۆمەن
دەريا بويىغا ئاپىرىپ، بۇ گۇينى راسا بىر سۇغا پىشىپ، يۇيۇپ، ساقايتىپ،
يوتقان ـ كۆرپىلەرنى بىر تازىلاپ كەلمىسەم، قانداق بۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە
ياتقىلى بولىدۇ» دەيدۇ. ھارۋىدا ياتقان «مەس» ئاخۇنوپنىڭ يۈرىكى قاتتىق
سوقۇۋاتقان ئىدى. «ۋەي! غازاخۇن ماۋۇ بالاڭلىنى تېز ئەپكىتىڭلا» دېگەن
گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خۇداغا شۈكرى، دەپ كۆڭلى جايىغا چۈشىدۇ.
غازاخۇن مېنىڭ يېقىن مەھەللىلىكىم ئىدى، ئۇ ياۋاغ پەيچوسونىڭ يېنىدا
زاسۇپەزلىك قىلاتتى. مەن ئاشۇ كونا ئىشلارنى تەگەپ، چاخچاق قىلىپ،
ئاخۇنوپنى باسقان ھارۋا مۇشۇمىدى دەپ قويسام، كۈلۈپ كېتەتتى، ئۇ ئادەممۇ
ئاز خاپىلىق تارتمىدى، تۈرمىدىن پالانى چىقىپتۇ، دېگەننى ئاڭلىسا،
ئاتايىتەن بېرپ پەتە ئوقۇپ، قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلاتتى، 15 يىل
تۈرمىدە يېتىپ چىققان، تىببى مەكتەپنىڭ قۇرغۇچىسى، قەشقەردىكى كونا زىيالى
تىيىپچانغىمىۇ ئۆز ئۆيىنى بوشىتىپ بېرىپ، كېيىن دوختۇرخانا ئېچىشىغا جىق
ياردەم قىلغان ساخاۋەتلىك كىشى ئىدى.
قەشقەر شەھىرىنىڭ چېتىدىكى سەمەن يېزىسىدا، قۇربان نىياز دېگەن بىر
دوستىمىز بار ئىدى، ئۇ قەشقەر توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ ئىشچىسى ئىدى.
بىزنىڭ تەشكىلاتىمىزنىڭ ئەزاسى ئىدى. ئۇمۇ بىز بىلەن قاراجۈلدىكى جەڭدە
بىللە بولۇپ، ئەسىر ئېلىنىپ 10 يىللىق كېسىلگەن ئىدى.
مەجلىس قۇربان نىيازنىڭ ئۆيىدە ئېچىلىدۇ، يىغىنغا يىراق ـ يېقىندىكى مۇھىم
ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئىشتىراك قىلىدۇ، يىغىن قەشقەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى
تەھلىل قىلىپ، قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ ۋاختى ۋە ھەرىكەت يۆنىلىشىنىڭ
ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى جاكارلاپ، «3 – ھەرىكەت لايىھە يۆنىلىشى» بويىچە
ھەربىي يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى بىر ئېغىزدىن ماقۇللاپ تۆۋەنگە تارقىتىدۇ
ھەمدە ئالاقىدار ئورۇن ۋە ھەربىي تۇرالغۇلارغا دەرھال ئادەم ئەۋەتىدۇ،
ئۇچرىشىش جايى سۇغۇنچازا، ۋاختى21 - ئاۋغۇست كەچ سائات 11 قىلىپ بىكىتىلدۇ.
ئەسلىدە 2 - ھەرىكەت لايىھە يۆنىلىشى بويىچە تاشقورغان تەرەپكە مېڭىپ،
ئۇچرىشىش جايىنى سۇۋاش داۋان قىلىپ بىكىتمەكچى ئىكەن، شۇ كۈنلەردە
قەشقەردىن تاشقورغانغا يول ياساۋاتقان بىڭتۇەنىڭ جۇزى دېگەن ئارمىيىسى، يول
بويىدا قوراللىق ئىشلەۋاتقان بولغانلىقى ئۈچۈن، يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىپ ئاتۇش
تەرەپ قىلىپ بىكىتىدۇ.
3 -
ھەرىكەت لايىھە يۆنىلىشىى قەشقەر – ئاتۇش – سۇغۇنچازا - قارا جۈل، ئەڭ
ئاخىرقى مەنزىل قاراجۈل قىلىنىپ بىكىتىلىدۇ. چەتئەل قوشۇنلىرى بىلەن
قاراجۈلدە ئۇچرىشىش ئالدىن پىلانلانغان ئىدى. ئالاقىچىلار ئالاقىنى ئېلىپ
بەلگىلەنگەن رايون ۋە شەخسلەرگە يەتگۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ.
ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىۋىلىشىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، مەن مۇشۇ يەرگە
كەلگەندە، 1 - ۋە 2 – ھەرىكەت لايىھە يۆنىلىشىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى
ئىزاھلاپ ئۆتمەكچىمەن.
«1 -
ھەرىكەت لايىھە يۆنىلىشى» دېگىنىمىز، قەشقەر ۋىلايىتىنى مەرگەز قىلىپ پۈتۈن
جەنۇبىي تەڭرىتىغى بويىچە بىرلا ۋاقىتتا قوراللىق قوزغىلاڭنى باشلاش،
باشقا رايون ۋە ئوبلاستلار ماسلىشىش، ئىچكى – تاشقى ماسلىشىپ، چەتئەل
قوشۇنلىرىنىڭ كىرىشىگە سىياسى شەرت ھازىرلاش.
«2 -
ھەرىكەت لايىھە يۆنىلىش » دېگېنىمىز، قەشقەردىن باشلاپ توققۇزاق، بۇلاقسۇ،
ئوپال، تاشمىلىق، ئويتاغ، تاشقورغان، خونجىراپ، پاكىستان ۋە
ئافغانىستانلاردىن ئىبارەت ئۇچرىشىش جايى سۇۋاش داۋان، باشقا رايون ۋە
ئوبلاستلار ماسلىشىش، چەتئەل قوشۇنلىرى بىلەن سۇۋاش داۋاندا ئۇچرىشىش.
ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان يۆنىلىش، رايونلارنىڭ تەبىئى شەرت شارائىتى، يەر
شەكلى ۋە يول ئارىلىقى، دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى، قورال
كۈچى، ئادەم سانى قاتارلىقلار ئالدىن رازۋىتكا قىلىنىپ خەرىتىگە ئېلىنغان
ئىدى، مەرھۇم خەيرۇللاھ بىلەن ئىككىمىز كىچىلەپ ئۇخلىماي بۇ خەرىتىنى سىزىپ
چىققان ئىدۇق، (تەپسىلى ئەھۋالنى، خەيرۇللاھنىڭ تەرجىمىھالىدا بايان قىلىپ
ئۆتىمەن) كېيىن دۈشمەن قولىغا چۈشكەن بۇ خەرىتە، ئۇلار ئۈچۈن قىممەت
باھالىق ئەنگۈشتەر ھېسابلىنىپ، بىز دۈشمەن تەرىپىدىن ئەسىرگەئېلىنغاندىن
كېيىن، بەش يىلغىچە ۋەتىنىمىزنىڭ شەھەر ناھىيىلىرىدە كۆرگەزمە
ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئىكەن ھەمدە ھەربىي مەخپىيەتلىكنى
ساقلىيالمىغان، مۇجى، تاغارما، ئويتاغ، تاشقورغاندىكى خىتاينىڭ ھەربىي
باشلىقلىرىنىڭ بىر قانچىسى جازالانغان ئىكەن....
سۇغۇندا ئۇچرىشىش
1969
– يىل 8 – ئاينىڭ 21 - كۈنى بىز قەشقەر شەھىرىدىن يولغا چىققان ئىدۇق، شۇ
كۈنى ئەتىگەندە خەيرۇللاھنىڭ ئالاقىچىسى رىشات ئسمائىل بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ
كەچ سائەت دەل سەككىزدە ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يېنىدىكى بۇغداي
ئېڭىزلىقىدا ماشىنا كۈتۈشنى، ئالاقىلىشىش پارولىنى تاپشۇرۇپ كەتتى. رىشات
ئىسمائىل بىزنىڭ مەھەللىدە رادىئو رىمۇنت قىلىدىغان بىر ئۇستام ئىدى. ئۇنىڭ
ئالدىغا كېلىپ ـ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپ، مەخپى ئالاقە قىلىش قۇلاي،
باشقىلار ئاسان گۇمان قىلمايدۇ، دەپ ئۇنى ئالاقىچىلىككە بەلگىلىگەن ئىكەن.
ئۇ كېيىن خائىنلىق قىلىپ نۇرغۇن كىشىنىڭ تۇتۇلىشىغا سەۋەبچى بولدى، مەرھۇم
خەيرۇللاھ ئالاقىچىلىققا ياخشى ئادەم تاپالمىغان ئىكەن.
مەن
ئۆيدىن تەييارلىقىمنى قىلىپ، ئالىدىغاننى ئېلىپ، ماڭىدىغان ۋاقتىمدا،
ئايالىمغا بىر نەچچە ئىشنى تاپشۇرۇپ، بولۇپمۇ دادامغا ياخشى قاراشنى
تاپىلاپ يولغا چىققان ئىدىم، قانداقتۇر كۆزۈمگە ماۋنىڭ ھەيكىلى كۆرۈنگەندەك
بولدى. كەينىمگە بۇرۇلۇپ بۇ نېمە؟ نەدىن ئېلىپ كەلدىڭ؟ دېسەم، بىرسى«سوۋغا»
قىلغان ئىكەن، مەن ئۇنى قولۇمغا ئېلىپ، يەرگە تاشلاپ دەسسەپ سۇندۇرۇپ،
بىزنىڭ ئۆيدە بۇنىڭ تۇرىشىغا ئورۇن يوق، دەرھال بۇنى تاشلىۋەت دېدىم. ئۇ
قورقۇپ جان ـ پېنى چىقىپ، لاغىلداپ تىترەپ كەتتى. چۈنكى ئۇ زاماندا
ماۋزېدوڭنىڭ رەسىمىنى يىرتقان ئادەمگە كىمى 10 يىلدىن ئارتۇق قاماق جازاسى
بىرىلەتتى، مەن دېدىم، بۇ گەجدىن ياسالغان نەرسە ئىكەن، بۇنى ئۇششاق
پارچىلاپ، شەكلىنى تونۇمايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ، كۈلنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ
ئەخلەتكە تۆكۈۋەتسەڭ بولىدىغۇ! سەن ئۆزەڭ ئىقرار قىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا
بارمىساڭ، كىم بۇ ئىشنى بىلەتتى! دېدىمدە، ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم، ئايالىم
كەينىمدىن يۈگرەپ چىقىپ خېلى يەرگىچە ماڭغىلى تۇردى، مەن تەسەللى بېرىپ
قايتۇردۇم، ئۇ ھەممە ئىشنى بىلەتتى، مېنىڭ ئايالىملا ئەمەس، بەلكى مېنىڭ
سەپدىشىم ئىدى. كۆپ ئىشلارنى ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن قىلغان ئىدىم. بىر
ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابچى ئىشنى ئۆز ئائىلىسىدىن باشلىشى كېرەك ئىدى.
كەچ
سائەت يەتتىدىن سەل ئاشقاندا، ۋىلايەتلىك دوختورخانىنىڭ يېنىدىكى بۇغداي
ئېڭىزلىقىغا بېرىپ ماشىنا كۈتتۈم، بىردەمدىن كېيىن ھەبىبۇللاھ ھوشۇر بىلەن
ئەنۋەر قادىر كەلدى، ئۇلارغىمۇ مۇشۇ يەردە ماشىنا كۈتۈشكە تاپشۇرۇق
بېرىلگەن ئىكەن. سائەت سەككىزگە يېقىنلاشقاندا، شەھەر تەرەپتىن بىر قانچە
ماشىنا ئاتۇش تەرەپگە ماڭغىلى تۇردى، ئالدىدا ئۈچ ھەربىي جىپ ماشىنا ماڭدى.
كەينىدىن 30 دىن ئارتۇق ھەربىي ئۈستى ئوچۇق ماشىنا ماڭدى، ئۇ ماشىنىنىڭ
ئىچىدە تولۇق قوراللانغان ھەربىيلەر قوراللىرىنى قۇچاقلاپ كېتىۋاتاتتى. ئەڭ
ئاخىرىدا ئىككى چوڭ ماشىنا ماڭدى، ئاخىرقى ئىككى ماشىنىنىڭ قانداقتۇر
تۇرخۇنى، دەرىزىلىرى بار ئىدى، بىز ئۇنى ھەربىيلەرنىڭ تاماق ئېتىدىغان،
ئاشخانا ماشىنىسى ئىكەن دەپ پەرەز قىلدۇق. ئۇلارنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى
تەھلىل قىلىپ، گەپ تەگىشىپ قالدۇق، ئەنۋەر بىلەن ھەبىبۇللاھ دېدىكى،
ئاخشام رادىئودا بىر خەۋەر ئاڭلىغان ئىدىم، خەۋەردە سوۋېت بىلەن خىتاي
ئەسكەرلىرى ئارىسىدا تورغاتتا ئازراق توقۇنۇش بولۇپ قالغانلىقىنى
ئېيتىۋاتاتتى، بەلكىم بۇلار شۇ يەرگە قاراپ ماڭغان چېغى دېدى. ئۇزۇن ئۆتمەي
يەنە بىر ماشىنا كەلدى، قولۇمدىكى يېشىل چىراغ نۇرى بىلەن پارول بەرسەم،
توغرا جاۋاپ قايتۇردى، ئۇ بىزنىڭ ماشىنىمىز ئىكەن. بىز دەرھال ئېڭىزلىقتىن
چۈشۈپ ماشىنىنىڭ يېنىغا باردۇق. ماشىنىنىڭ ئۈستى بىنزىن پالاس بىلەن
چۈڭكەلگەن ئىكەن، ماشىنىنىڭ كەينىگە ئۆتۈشۈمىزنى ئېيتتى. رىشات ماشىنىدىن
چۈشۈپ بىزنى ماشىنىغا چىقىرىپ ئۆزى قىپ قالدى، ماشىنىنىڭ ئىچىدە لىق ئادەم
بار ئىدى، ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ يەنە ئادەم چېقتى، دېگەن سۆزىنى ئاڭلىدۇق،
ماشىنا ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. ئىككى سائەتتىن كۆپرەك يول ماڭغاندىن كېيىن،
بىر يەرگە كېلىپ توختىدى، ھەممىمىزنى ماشىنىدىن چۈشۈشكە بۇيرىدى، ماشىنىدىن
چۈشتۇق، ئېغىر نەرسىلىڭلارنى ئالماي، بۇ يەردە كۈتۈپ تۇرۇڭلا، بىز ھازىر
قايتىپ كېلىمىز دەپ ماشىنا يۇرۈپ كەتتى، ئاۋازىدىن خەيرۇللاھ ئىكەنلىكىنى
ھېس قىلدىم، «بىز ماشىنىدىن چۈشۈپ، يولدا تۇرساق بولمايدۇ، تاغ تەرەپكە
ماڭايلى» دەپ بىزنى بىرسى ئېلىپ ماڭدى. ئۇ كىشىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ
ماڭدۇق. تاغ قاپتىلىدىن ئېگىزلىككە قاراپ ماڭدۇق. تاغنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن
كېيىن، بولدى مۇشۇ يەردە ئۇلارنى كۈتەيلى دەپ ماشىنىنى ساقلاپ تۇردۇق. مەن
ئۇلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى قاراڭغۇدا پەرق ئېتەلمىگەن ئىدىم. ماشىنىنى
ئۇزۇن كۈتتۇق، ماشىنا قايتىپ كەلمىدى، بىردەمدىن كېيىن سۇغۇنچازا تەرەپتە
ئوقنىڭ ۋاراقشىغان ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولدى، ئوق ئاۋازى بارا – بارا
كۈچەيدى، بىزنىڭكىلەر تەشۋىشكە چۈشتى، ئاپلا يامان بولدى، ئۇلار دۈشمەنگە
ئۇچراپ قالدى بولغاي، دېيىشتى. بىزنى دەرھال تاغنىڭ دالدىسىغا ئۆتۈپ
يوشۇرنۇڭلا دەپ بۇيرۇق قىلدى. بىز تاغنىڭ چوڭ ـ كىچىك تاش دالدىسىدا
ئۆزىمىزنى دالدىغا ئېلىپ كېچىدە ھېچ نېمىنى كۆرمەي ئولتۇردۇق. ئۇخلاپ
قېلىشقا قەتئى بولمايدۇ، سەگەك تۇرۇڭلا دېدى، بىرسى.
كېچىچە بىر ـ بىرىمىز بىلەن سەن - پەن دېيىشمەي بورۇقتۇرما ھالەتتە تاڭنى
ئاتقۇزدۇق، ھېلىغىچە ھېچ قانداق خەۋەر يوق ئىدى. ئۇلار غايىپ بولدى. تاڭ
يورۇپ بىر ـ بىرىمىزنى تونۇغاندىن كېيىن ئۆز ئارا سالام بېرىشتۇق، مەن
ئاخۇنوپقا قاراپ ئۇزۇن تۇرۇپ قالدىم، ئۆز ئىچىمدە، بۇ ئادەمنىڭ ھېچ نېمىدىن
قىسىلچىلىقى يوق، توققۇزى تەل، يەيدىغىنى بار، كىيىدىغىنى بار، ئولتۇرسا
ماشىنىسى بار، مائاشى ئۈستۈن، چىرايلىق قىز – ئوغۇل پەرزەنتلىرى بار، بىز
ئۇنىڭغا قارىغاندا ھېچ قانچە ئادەم ئەمەس، بۇ ئادەم پەقەت دىنىم، مىللىتىم،
ۋەتىنىم دەپ مۇشۇ يولغا ئاتلىنىۋاتىدۇ ھە! دەپ ئۆزەمدىن ئۆزەمگە مەدەت ۋە
روھ بىرەتتىم. ئاخۇنوپنىڭ كۆزى بىر سەبى بالىغا چۈشتى. ئۇ ناھايىتى كىچىك
16 – 17 ياشلاردىكى بالا ئىدى، ئۇنىڭدىن: «سېنى بۇ يەرگە كىم ئېلىپ چىقتى؟
دەپ سورىشىغا، مېنى ۋىژدانىم ئېلىپ چىقتى. مېنىڭ دادامنى خىتايلار تۇتۇپ
كەتتى، مەن ئۇنىڭ ئىنتىقامىنى ئالمامتىم!» دەپ بېشىنى چالۋاقاپ قانداقتۇر
ئۆز كۆڭلىدە مېنى ئۇلار تېخى ياراتمايۋاتىدۇ، خەپ توختاپ تۇر، كارامىتىمنى
بىر كۆرسەتمىسەم دېگەندەك قىلىپ ھەممىگە تەڭ نەزەر سالاتتى. ئۇ بالا قەشقەر
ۋىلايىتىگە ۋالى بولغان، ئابدۇرەھىم پەتەك دېگەن كىشىنىڭ بالىسى ئىكەن،
ئۇنىڭ دادىسىنى 18 – ئاۋغۇست كېچىسى دۈشمەنلەر تۇتقاندا نەخ مەيداندا بار
ئىكەن، ئۇ دادىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ
چىققان ئىكەن، بىز بىر - بىرىمىز بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشتۇق، ئەمما
ئارتۇق پاراڭلاشمىدۇق، مېنىڭ كۆزۈم ئاخۇنوپنىڭ بىلىدىكى گۇڭئەن تاپانچىغا
چۈشتى، تاپانچىنىڭ قېپىغا بەش تال ئوق ئايرىم قىستۇرۇلغان ئىدى، بىر تال
ئوق ئاتايىتەن بىر ھاۋا رەڭ لاتىغا ئورۇلۇپ تاپانچىنىڭ قېپىنىڭ سىرتىدىكى
ئوقدانغا قىستۇرۇلغان ئىدى، بەش پاي ئوقنىڭ ئىچىدە بۇ بىر تال ئوق باشقىچە
بىلىنىپ تۇراتتى. مەن ئاخۇنوپتىن: «تاپانچىلىرىدا بەش تال ئوق بار ئىكەن،
ئاۋۇ بىر تال ئوق ئاتايىتەن بىر رەڭلىك لاتىنىڭ ئىچىگە ئورۇلۇپ ئوقدانغا
قىستۇرۇلۇپتۇ، ئۇنىڭ مەنىسى نېمە؟» دەپ سورىسام: «بۇ ئۇرۇش. ئۇرۇشتا يېڭىش
ـ يېڭىلىش دائىم بولۇپ تۇرىدۇ، ئەگەر دۈشمەن قولىغا تىرىك چۈشۈپ قالساڭ،
ئۇنىڭ قولىغا تىرىك چۈشكەندىن كۆرە ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ تەدبىر قوللانساڭ، ھەممە
ئىشتىن بىر يولىلا خالىي بولىسەن» دېگەن ئىدى. ھەممىنىڭ كۆڭلى ئاخشام
كېتىپ قايتىپ كەلمىگەن ماشىنىدا ئىدى، ئاخۇنوپنىڭ بۇ سۆزىنى مېنىڭ يېنىمدا
ئولتۇرغان بىر قانچە كىشىلا ئاڭلىدى، قالغانلىرى ھەممىسى ئۆزىنىڭ خىيالى
بىلەن ئىدى.
يولدىن كېتىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ قارىسى كۆرنۈشكە باشلىدى، ئوسمانجان بىلەن
ئاخۇنوپ دۇربۇندا يولغا ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا
پاراڭلىشىپ: «ئۇلارنى تۇتقان ئىكەن. ھازىر ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ كېتىپ
بارىدۇ، بىز دەرھال بۇ يەردىن ماڭايلى» دەپ، يولچىنىڭ يول باشلىشىنى كۈتۈپ
تۇرىشىمىزغا، بىرسى «كەلدى، ئۇلار قايتىپ كەلدى » دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى،
راست دېگەندەك بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان ئۈچ ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈندى،
ئۇلارنىڭ قولىدا پارقىراۋاتقان قورال بار ئىدى، كۈن نۇرىدا يىراقتىن
قوراللىرىنىڭ شولىسى بىز تەرەپكە ئاندا ـ ساندا چۈشۈپ تۇراتتى، دۇربۇننى
قولىغا ئالغان ئاقساقال خەيرۇللاھ قايتىپ كېلىۋاتىدۇ، دېدى، ئۇلار بارا ـ
بارا يېقىنلاشتى. خەيرۇللاھ، مىجىت سىلىڭ، مەريەملەر بىللە كېلىۋاتاتتى،
ئۇنىڭ كەينىدىن بىرسىنىڭ سىماسى كۆرۈندى، ئەمما ئېنىق كۆرگىلى بولمايتتى،
ئۇمۇ يېقىنلاشتى، مەن تونىمىغان بىرسى كالتە كۇسار بىلەنلا كېلىۋاتاتتى،
ھەممە ھەيران بولۇپ، بىر ـ بىرىگە قاراپ قېلىشتى. ئۇ ماشىنىنىڭ شوپۇرى
يولۋاس ھەسەن ئىكەن، مەن ئۇنى زادى تونۇمايتتىم ھەم كۆرمىگەنكەنمەن، ئۇلار
كەلگەندىن كېيىن بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى.
―
ئۇلار ماشىنا بىلەن سۇغۇنچازىغا كەلگەندە بىر توپ ئەسكەرلەر چىقىپ سىلەر
نەگە بارىسىلەر؟ دەپ سوراپتۇ، بىز ئۇجەنفاڭزىغا (ئوتۇن كولايدىغان يەر
ئىسمى) ئوتۇنغا كېتىۋاتىمىز.
―
نەنىڭ ماشىنىسى بۇ؟
―
قەشقەر ۋىلايەتلىك يول ئاسراش ئۇچاستىكىسىنىڭ ماشىنىسى، بۇ ئادەم بىزنىڭ
ئىدارىنىڭ ھەربىي ۋەكىلى، دەپ ماشىنىدا ئولتۇرغان ۋىلايەتلىك سەنئەت
ئۆمىكىنىڭ تەمبۇرچىسى خالىقھاجىنى كۆرسىتىپتۇ، خالىقھاجى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ
سەھنىدە كىيىدىغان ھەربىي كىيىمىنى كىيىپ ماشنىدا ئولتۇرغان ئىكەن.
―
«سىلەر ھازىر يولغا ماڭماي تۇرۇڭلا، بىز ئۇ تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىر توپ
كىشىلەر بار، شۇلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن مېڭىڭلار»
دېيىشىگە، مارالبېشى تەرەپتىن مۇھەممەد ئىمىن قادىرنىڭ ماشىنىسى كېلىپ
قاپتۇ، بۇ سوئال سورىغان خىتاي ئەسكەرلەر، ئالمان تالمان مۇھەممەد ئىمىن
قادىرنىڭ ماشىنىسى تەرەپكە كېتىپتۇ، ھەممە يەر قارا چۈمىلىدەك ئەسكەر بىلەن
توشۇپ كەتكەن ئىكەن ، خەيرۇللاھ بىلەن مىجىت دەرھال ماشىنىدىن چۈشۈپ تاغ
تەرەپكە قېچىپتۇ، يولۋاس ماشىنىنى توختىتىپ، ماشىنىدىن چۈشەي دېيىشىگە،
ھېلىقى كاساپەتلەر تەكرار كېلىپ، ماشىنىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئۇيەر بۇيەرنى
كوچىلىغىلى تۇرۇپتۇ. ئاپلا ئىش چاتاق دەپتۇ - دە، يولۋاس دەرھال ھەممە
كىيىمنى سېلىپ، قىپيالڭاچ بولۇپ، ئەسكەرلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆمۈلەپ مېڭىپ
چىقىپ كېتىپتۇ، كېچىسى كىيىمنى سېلىۋىتىپ يول ماڭسا ياۋاي ھايۋانلارمۇ
چىقىلمايدىكەن ھەم ئادەمنى ئادەم پەرق ئېتەلمەيدىكەن، بۇ ھېكايىنى سۆزلەپ
بەرگەندە يولۋاسنىڭ زىرەكلىكىگە ھەممىمىز ئاپىرىن ئوقىغان ئىدۇق.
خالىقھاجىنى ئۇزۇن كۈتتۇق. ئۇ كەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىزچى باشلىغان يول
بىلەن قارا جۈل تەرەپكە يول ئالدۇق.
بىز
ئاشۇ كۈنلەردە ― قوراللىق قوزغىلاڭغا جىددى تۇتۇش قىلىۋاتقان كۈنلەردە ―
بىزگە خوشنا بولغان ئاقتۇ ناھىيىسىدە ۋە باشقا ناھىيىلەردىمۇ ئارقا –
ئارقىدىن قوراللىق ھەرىكەت سادىر بولغان ئىدى. كېيىن ئىگەللىشىمىزچە، 8 -
ئاينىڭ 16 – كۈنى بارىن يېزىسىدىكى ئىزىز ئوسمان دېگەن ئەزىمەت بەش يۈزدەك
كىشى بىلەن ئاقتۇ ناھىيىلىك قوراللىق بۆلۈمنىڭ قوراللىرىنى بۇلاپ ، بارىن
يېزىسىدا ناھايىتى چوڭ تەۋرىنىش ھاسىل قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭ كەينىدىنلا يەنە
بارىن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئىيسامۇ نەچچە مىڭلىغان
كىشىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ قالدۇق قوراللىرىنى
يىغىشتۇرۇپ، ئاتالمىش « 20 - ئاۋغۇست» ۋەقەسىنى قوزغاپ ئاقتۇ ۋە پۈتۈن
بارىن يېزىسىدا بىر مەزگىل يېڭىچە ھۆكۈمەت قۇرغان ئىدى. خىتايلارنىڭ قاچ –
قاچ ھەرىكىتى شۇ ۋاقتىدا بارىندىن باشلانغان ئىدى.
ئەمدى گەپنى مەكىتتىن كېلىۋاتقان زەرەپشان پولكىدىن باشلايمەن.
ئاخۇنوپنىڭ بۇيرۇقىنى ئېلىپ بارغان ئالاقىچى – مىجىتنىڭ 1 - قول ياردەمچىسى
مۇھەممەد ئىمىن قاراقاش ئىكەن، ئۇنىڭ ئىككى قېشى قاپقارا بولغانلىقتىن
ئۇنىڭ لەقىمىمۇ قاراقاش ئىدى. ئۇنى قەشقەر خەلقىنىڭ شۇ زاماندا
تونۇمايدىغىنى يوق ئىدى، ئۇ جامائەتچىلىككە تونۇلغا شەخس ئىدى. مەخپى
بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغان مايور مۇھەممەد ئىمىن قادىر، قول ئاسىتىدىكى
ئىشەنچلىك كىشىلەرگە بۇيرۇق بېرىپ 21 – كۈنى ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن بۇرۇن
ئىيسانىڭ ئاۋۇتىغا (مارالبېشىنىڭ ئاۋات گۇڭشىسى ) بېرىپ، قاخشال 1 –
دادۈيدىكى ئېچىققا توپلىنىڭلا، دەيدۇ، ئەسكەرلەر بىردىن - بىردىن
قوراللىرىنى ئېلىپ يوشۇرۇن يوللار بىلەن كېچىلەپ مېڭىپ قاخشال 1 – دادۈيگە
توپلىشىدۇ، بەزىلىرى ئۈستۈنكى قاخشالغا كېلىدۇ، بەزىلىرى تۆۋەنكى قاخشالغا
كېلىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن قادىرنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ مەخپى كېلىشى ۋە مۇھەممەد
ئىمىن قادىرنىڭ ئەسكەرلىرىگە مەخپى يوليورۇق بېرىشنىڭ سەۋەبلىرى، «مەكىتنىڭ
مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز، مەكىت ئىنقىلابىي كومىتىت قۇرىمىز» دەپ،
شىنجاڭ ھەربىي رايوننىڭ سىياسى كوممىسارى ساۋدانوپ باشچىلىقىدىكى ھەربىي
خىزمەت گۇرۇپپىسى مەكىت ناھىيىسىگە كېلىپ، قوراللارنى تاپشۇرۇڭلا، چوڭ
بىرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەكىتتە ئىنقىلابىي كومىتىت قۇرىمىز دەپ، داۋراڭ
سېلىۋاتقان پەيىت ئىدى.
بىر
كۈنى ساۋدانوپ بىر تۈركۈم ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئۇلارنىڭ ھىمايىسىدە تراكتۇر
پونكىتىغا كېلىپ يەنە مۇھەممەد ئىمىن قادىرغا قورال ـ ياراغ تاپشۇرۇش
ھەققىدە خىزمەت ئىشلەپ، 23 - ئىيۇل مەركەزنىڭ قورال تاپشۇرۇش ھەققىدىكى
يوليورۇقىنى سۆزلەپتۇ. نەخ مەيداندا روزى ھېكىمدىن باشقا يەنە بىر
نەچچەيلەن بار ئىكەن. دەسلەپتە مۇھەممەد ئىمىن قادىر ياخشى تەلەپپۇزدا:
قورالنى تاپشۇرايلى، ئالدى بىلەن ئاۋۇ خىتايلار تاپشۇرسۇن، ئاندىن بىز
تاپشۇرايلى، بىزنى قورال ئېلىشقا مەجبۇرلىغانلار دەل ئاشۇ ئاققۇن خىتايلار!
ئۇلار بىزنىڭ نۇرغۇن بىگۇناھ ئادەملىرىمىزنى ئۆلتۈردى. ئۇلار قورال
تاپشۇرماستىن بۇرۇن ھەرگىز بىز قورال تاپشۇرالمايمىز، دەپتۇ.
ساۋدانوپ ئاچچىقلىنىپ سەن خەنزۇ يولداشلارنى خىتاي دېدىڭ، دەپ ئۇنىڭغا
پوپوزا قىپتۇ. ساۋدانوپنىڭ گېپى ھا كەلگەن مۇھەممەد ئىمىن قادىر دەرھال
بىلىدىكى قورالنى ئېلىپ ساۋدانوپنىڭ چېكىسىگە تەڭلەپ تۇرۇپ سەن مۇناپىقنى
ئاتىمەن دەپ تەمشەلگەندە، يېنىدىكى روزى ھېكىم:
―
ۋاي! جېنىم ئۇكام ئۇنداق قىلما! مېنىڭ يۈزۈمنى قىل دەپ، مۇھەممەد ئىمىن
قادىرنىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ قۇچاغلاپ تۇتۇۋاپتۇ. پۇرسەتنى غەنېمەت بىلگەن
ساۋدانوپ دەرھال قۇيرۇقىنى قىسىپ تراكتۇر پونكىتتىن ئايرىلىپتۇ. شۇ كەتكەن
پېتى ئىككىنجىلەپ تراكتۇر پونكىتىغا كىرمەيدىغان بوپتۇ.
مۇھەممەد ئىمىن قادىر قاخشال 1 - دادۈيگە توپلانغان 45 ئەسكەرنى ئېلىپ،
يولدا كېلىۋاتقان يەنە نۇرغۇن ئەسكەرنى ساقلاشقا تاقەت قىلالماي، ئۇلارنى
ساقلىماي، ۋاقىت قوغلىشىپ، كەچ سائەت 11دە سۇغۇنچازىغا يېتىپ بېرىش
مەقسىتىدە چوڭ يولغا چىقىدۇ، يولدا كېلۋاتقان يەكەن كاچۇڭنىڭ شوپۇرى
سەمەتنىڭ ماشىنىسىنى توسۇپ، ماشىنىدىكى يۈك تاقلىرىنى چۈشۈرۈۋىتىپ،
ماشىنىنى مارالبېشىغا قارىتىپ ھەيدىتىدۇ، ئۇلار ھاشادىن قايتقان دېھقان
سۈپىتىدە كىيىملەرنى كىيىشىپ، قوراللىرىنى تاغارغا قاچىلاپ، ئاستىغا
باسۇرۇپ ئورۇندۇق قىلىپ، ئۈستىدە ئولتۇرۇپ مېڭىشىدۇ، ماشىنا ئاقساق مارالغا
كېلىدۇ، ئۇلار ماشىنىدىن چۈشۈپ تاماق يەيدۇ، بىر بۆلۈك ئەسكەرلەر
تەرتىپسىزلىك قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ مەلۇم بىر قورۇسىغا كىرىپ ئۇيەردىكى
ئازغىنا قورال بىلەن ھەربىي كىيىم كىچەكلەرنى ئېلىپ چىقىدۇ.
ئەتىسى چۈش ۋاقتى بولغاندا، مەكىت تراكتور پونكىتىدىكى بىر توپ كىشىلەرنىڭ
قوراللىق غايىپ بولغانلىقى سېزىلىدۇ، مۇھەممەد ئىمىن قادىرنىڭمۇ غايىپ
بولغانلىقى سېزىلگەندىن كېيىن، پۈتۈن سەپ بويىچە خىتاي ئارمىيەسى مۇھەممەد
ئىمىن قادىرنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىدۇ. ساۋدانوپ شىنجاڭ ھەربىي رايونغا
تېلېفۇن قىلىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونغىمۇ تېلېفۇن قىلىدۇ، تەرەپ –
تەرەپتىن ئىز ـ دېرىكىنى قىلىشقا باشلايدۇ، مۇھەممەد ئىمىن قادىر ماشىنىسى
سېرىق بويىغا كەلگەندە، بازارغا چىققان دېھقانلار مۇھەممەد ئىمىن قادىرنى
تونۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئىمىن قادىر سىلىڭ كەپتۇ دەپ، پۈتۈن
يول بويى سەپ – سەپ بولۇپ، ياشىسۇن مۇھەممەد ئىمىن قادىر! دەپ شۇئار
توۋلايدۇ، كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەزىز مىھمىنى ۋە شەپقەتچىسىگە ئاتىغان
سوۋغىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ بېرىشكە باشلايدۇ. ماشىنىدىكى بىر قىسىم جەڭچىلەر،
ئۇدۇل سېرىق بويا دوختورخانىسىغا كىرىپ، دوختورخانىدىن مورفۇلىن ئىزدەپ،
بىر نەچچە قۇتا مورفۇلىن (بىر رىۋايەتتە بىر نەچچە يېشىك ) نى ئېلىپ
ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ماشىنىنىڭ ئەتراپى بىردەمدىلا ئادەم دېڭىزىغا
چۈمۈلۈپ كېتىدۇ. ماشىنا يولنى كېسىپ دەرھال يولغا چىقىدۇ.
مورفۇلىن ئالغاچ كېلىشنى س س س ر دىن كەلگەن ھەربىي دوختور ئەھمەتجان
مۇھەممەد ئىمىن قاراقاشقا ئاتايىتەن تاپىلىغان ئىكەن. مورفۇلىن مەس قىلغۇچى
بىرخىل ئوكۇل ئىكەن، ئۇرۇشتا ئوق تەككەن كىشىلەرگە بىر تال ئۇرسا ئاغرىق
ئازابىدىن بىر مەزگىل خالىي بولىدىغان دورا ئىكەن.
ماشىنا يولغا چىقىشى بىلەن، مۇھەممەد ئىمىن قادىرنىڭ مارالبېشى تەرەپكە
قاراپ ماڭغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىز ـ دېرىكىنى قىلىۋاتقان كىشىلەر تەرىپىدىن
جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا خەۋەر قىلىنىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي
رايونى شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا خەۋەر قىلىدۇ، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ
بۇيرۇقىغا ئاساسەن، يول بويىدىكى مارالبېشىنىڭ شامال دېگەن يېرىدىكى ھەربىي
رايوننىڭ ھاۋا ئارمىيە رادار پونكىتى ماشىنىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ساقلاپ
تۇرىدۇ ۋە ماشىنا كەلگەندىن كېيىن قايسى يۆنىلىشكە ماڭىدىغانلىقىنى بىلىش
ئۈچۈن پۇقراچە كىيىم كىيگەن بىر خىتاي تىراكتۇرغا ئازغىنا مال بېسىپ،
ماشىنىنىڭ كەينىدىن تاپ بېسىپ قوغلاپ ماڭىدۇ، ماشىنا مارالبېشىغا كەلگەندە
مارالبېشدىكىلەرنىڭ كاتتىبېشى، تەشكىلات باشلىقى ئىمىن گۈيخۇا دېگەن
قوراللىق ئالدىنى توسماقچى بولغاندا، مارالبېشى ھەربىي دائىرىلىرى يول
قويمايدۇ. ماشىنا سانساكودىن قەشقەر يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭغاندىن كېيىن،
شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا مەلۇم قىلىدۇ، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ بۇيرۇقىغا
بىنائەن تراكتۇرچى كەينىگە بۇرۇلۇپ قايتىپ كېتىدۇ. يول ئارىلىقىنى
ھېسابلىغان ھەربىي رايون باشلىقلىرى سۇغۇنچازىدا يول توسۇپ ئۇلارنى قەشقەر
شەھىرىگە كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا بۇيرۇق قىلىپ
سۇغۇنچازىدا يول توسۇشقا بىر پولك ئەسكەر چىقىرىدۇ، (بىز بۇ مەلۇماتنى بىر
قانچە يىلدىن كېيىن تۈرمىدىكى ۋاقتىمىزدا شۇ ۋاقىتتا، شۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان
بىر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ باشقىلارغا دەپ بەرگەنلىكىدىن ئاڭلىغان ئىدۇق.)
مۇھەممەد ئىمىن قادىرنىڭ ماشىنىسى سۇغۇنچازىغا كەلگەندە، بىر توپ ئەسكەرلەر
ماشىنىنى توسۇپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. توسقان ماشىنىنىڭ ھەممىسى ئۈستى
تەرىپى بىنزىن پالاس بىلەن قاپلانغان ماشىنىلار ئىكەن، ماشىنىنىڭ ئىچىدە
تولۇق قوراللانغان خىتاي ئەسكەرلىرى بار ئىكەن. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىمۇ
قاتار – قاتار تىزىلغان ماشىنىلار تۇرغان ئىكەن. بىر ماشىنا يولنىڭ قاپ
ئوتتۇرسىدا توختىتىلىپ ماشىنىنىڭ چاقىنى چىقىرىپ رىمۇنت قىلىۋاتقان ئىكەن.
مۇھەممەد ئىمىن قادىر ماشىنىدىن بېشىنى چىقىرىپ ئەتراپقا بىر قاراپ
ماشىنىنى ھەيدە دەپ يولغا راۋان بوپتۇ. ماشىنا خېلى مېڭىپ يېرىم يولغا
كەلگەندە تەرەپ - تەرەپتىن ماشىنىدىكى خىتايلار چۈشۈپ مۇھەممەد ئىمىن
قادىرنىڭ ئەسكەرلىرىنى ماشىنىدىن چۈشۈشكە بۇيرۇق بېرىپتۇ ھەمدە باشقا
ماشىنىلاردىكى خىتاي ئەسكەرلىرىمۇ ئۈستىدىكى بىنزىن پالاسنى قايرىۋىتىپ
قوراللىرىنى بەتلەپ «قورال تاپشۇر! قورال تاپشۇرساڭ ئۆلتۈرمەيمىز!» دەپ،
سىياسەت سۆزلەپتۇ. مۇھەممەد ئىمىن قادىر يېنىدىن قورالىنى چىقىرىپ ئاسمانغا
قارىتىپ ئوق ئۈزۈپ ماشىنىدا ئۇخلاۋاتقان ئەسكەرلەرنى ئويغىنىشقا بۇيرۇق
بېرىپ ئۇرۇشقا قۇماندانلىق قىپتۇ. ئەمما پۈتۈن قوراللار ماشىنىنىڭ ئاستىدا
ھاشادىن قايتقان كىشىلەردەك باستۇرۇلۇپ قالغاچقا چىقىرىشقا ئۈلگۈرمەپتۇ.
ئۇخلىمىغان بىر قىسىم ئەسكەرلەر قوراللىرىنى چىقىرىپ ئوق ئۈزۈپتۇ ـ يۇ،
لېكىن دۈشمەن تەييارلىقى كۇچلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈنۈم بەرمەپتۇ ـ دە،
ئەلەمگە چىدىمىغان بۇ ئەزىمەتلەر شۇئار توۋلاپ، ئامالسىزلىقتىن بىر مەزگىل
ئۇرۇشمۇ قىپتۇ، دۈشمەننىڭ ئادىمى ھەددى ـ ھېساپسىز جىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە
تۇيۇقسىز توسالغۇغا دۇچ كەلگەنلىكتىن بىر ئامال قىلالماي بىر نەچچە
ئادەمنىڭ يارىدار بولۇشى بىلەن ئەسىرگە چۈشۈۈپ قاپتۇ.
بىز
ئاخۇنوپ بار ماشىنىدىكىلەر ماشىنىدىن ئايرىلىپ، پىيادە تاغ يولى بىلەن
قارارگاھقا قاراپ مېڭىۋاتاتتۇق، كۈن بەك ئىسسىق ئىدى، يەيدىغان، ئىچىدىغان
نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى «ماشىنا ھازىر قايتىپ كېلىدۇ، ئېغىر نەرسىلەرنى
ماشىنىدىن ئالماڭلار» دېگەن بۇيرۇق بىلەن ھەممە نەرسىمىزنى ماشىنىدا
قالدۇرغان ئىكەنمىز. تاغ جىلغىسىغا كەلگەندە، خەيرۇللاھ ئادەملەرنى ساناپ
25 ئادەمنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، بىر – بىرلەپ كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن،
ئىككى گورۇپپىغا ئايرىدى، 1 - گورۇپپىغا مېنى باشلىق قىلىپ، قوشۇمچە
قۇماندانلىق شىتابىنى قۇغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، دەپ ئېلان قىلدى.
2 -
گورۇپپىغا مۇھەممەد ئىمىن دېگەن غۇلجىدىن جەنۇپقا چىكىنىپ كەلگەن بىر ياش
يىگىتنى باشلىق قىلدى. مىجىت سىلىڭنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ، دەپ
بىكىتتى. بىز يېڭى ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، يولنى
داۋاملاشتۇردۇق. يېرىم كېچىدىن ئاشقان ۋاقىت ئىدى، يول ئۈستىدە بىر يولۇچى
بىزگە يولۇقۇپ قالدى. ھەيران قالدۇق، بىز ماڭغان يولدا ئوۋچىدىن باشقا كىشى
ئاسانلىقچە ماڭمايتتى.
باشلىق ئۇنىڭدىن بىر نېمىلەرنى سورىدى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق سۆزلەشكەندىن
كېيىن، ئۇنى ماڭا تاپشۇرۇپ «ياخشىراق قارا!» دەپ جىكىلىدى، مەن يول بويى
ئۇنى قېچىپ كېتىپ بىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمىسۇن دەپ، گەپكە سېلىپ
باقتىم. ئۇ بىزنىڭ قوراللىق ئىكەنلىكىمىزنى، بىزنىڭ ھەرىكەتلىرىمىزدىن،
سىرلىق بىر ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئوچۇقلا
ئۆزى ئېيتتى. «مەن ئىزدەپ يۈرگەن ئادەم دەل سىلەر ئەكەنسىلەر. مەن ھەركۈنى
ۋەتەن قۇتقۇزۇش رادىئوسىنى ئاڭلايمەن. ئۇ رادىئودا بىزنى ئىزدېسەڭلار،
تىيانشان تېغىنىڭ باغرىدىن ئىزدەڭلا، پامىر ئېتىكىدىن ئىزدەڭلا، دۈشمەنگە
ئەجەللىك زەربە بېرىدىغان شەرقىي تۈركىستان قوشۇنىدىن ئىزدەڭلا، دەيتتى،
مەن تۈنۈگۈن سىلەرنى چۈشەپ قاپتىكەنمەن، شۇڭا مۇشۇ يول بىلەن سىلەرنى
ئىزدەپ تاپاي دەپ ماڭغان ئىدىم» دېدى، مەن كۈلۈپ كەتتىم. راس دەيسەن يىگىت
سەن نېمە ئىش قىلالەيسەن؟ دېسەم، ئۇ ئەترەتتە خەلق ئەسكىرى بولغان ئىكەن،
قورال ئاتالايدىكەن. بۇ يىل ئەسكەرلىككە تىزىملىتىپ، ئىمتىھان بەرسەم،
سېنىڭ ئاكاڭ بۇزۇق ئۇنسۇر دەپ ئەسكەرلىككە ئالمىغانلىقىنى ئېيتتى ......
بىزنىڭ قاراجۈلگە بارىدىغانلىقىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ بۇ يول بىلەن
ماڭساڭلا، ئەتە چۈشتىن كېيىن بارىسىلەر، بۇ ئۇزاق يول، مۇنداق ماڭساڭلار
تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن قاراجۈلگە بارغىلى بولىدۇ، دەپ بىزنى باشلاپ يېقىن يول
بىلەن قارا جۈلگە ئېلىپ كەلدى، يول بويى ئاخۇنوپنى يۈدۈپ ماڭغان ئىدى.
چۈنكى ئاخۇنوپ دۈشمەننىڭ تۇتقۇنىدىن قاچقاندا ئېگىز تام سىرەجلەردىن سەكرەپ
پۇتى قايرىلىپ زەخمىلەنگەن ئىدى، بىز 21 – كۈنى ئۆيلىرىمىزدە تاماق يېگەنچە
48 سائەتتىن بېرى بىر نېمە يېمىگەن ھەم يازنىڭ قاتتىق ئىسسىقىدا ئۇسساپ،
جانمىنىمىز ئازلا قالغان ئىدى.
قارا
جۈلدىكى جەڭ
1969 – يىلى 8 – ئاينىڭ 23 – كۈنى سۈبھى بىلەن قاراجۈل يېزىسىنىڭ كەڭرال
دەپ ئاتالغان يۇلغۇنزارلىقىغا كېلىپ چۈشتۇق.
بۇ
يۇلغۇنزارلىقنىڭ بىر ئۇچى تاغ قاپتىلى بىلەن، قالغان ئۈچ تەرىپى قاراجۈلنىڭ
كەڭرى كەتكەن يايلاقلىرى، ئېكىنزارلىقى بىلەن تۇتاشقان يەر ئىدى. بىز
تۇرغان يەر بىلەن قاراجۈل يېزىلىق ھۆكۈمەت ئورۇنلاشقان جاي ئىككى
كىلومىتىرغا يەتمەيتتى. سوۋېت چېگرىسى 50 كىلومىتىر دىن سەل ئاشاتتى. بۇ
يەر بىزگە بەش قولدەك ئايان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا بىزنىڭ رازۋىتچىكلىرىمىز
بۇ يەرگە تەكرار كېلىپ يەر شەكلى ۋە يول مۇساپىسىنى ئىگەللەپ، بىزنى ئالدىن
ـ ئالا خەۋەر لەندۈرگەن ئىدى.
بامدات نامىزىنى جېلىل قارىمنىڭ ئىماملىقىدا ئوقۇپ، ناماز پەرزىنى
ئاداقىلدۇق، شۇ كۈنى جېلىل قارىمنىڭ ئوقىغان نامىزى ۋە قىلغان قۇرئان
تىلاۋىتى ھېلىمۇ يادىمدا. نامازدىن كېيىن قىلغان دۇئاسى بىز ئىنسانلارنى
ئەمەس، تاغ ۋە يۇلغۇنزارلىقنى لەرزىگە سالغان ئىدى. ھەممىمىز كۆز يېشى
بىلەن ئاللاھتىن مەدەت تىلەپ، قارىمغا ئەگىشىپ ئۇزۇن – ئۇزۇن دۇئا
قىلدۇق..... مەرھۇم جېلىل قارىم قاغىلىق ناھىيىسىدىن بولۇپ، بىر ئۆمۈر
كوممۇنىستلارنىڭ تۇتقىنىدىن قېچىپ يۈرگەن مۇجاھىد، تەقۋادار مۇسۇلمان ئىدى،
مەرھۇم خىتايلار تەرىپىدىن قەتلى قىلىندى، بۇ ھەقتە كېيىن ئايرىم
توختىلىمەن، ئىنشائاللاھ!
نامازدىن كېيىن پۈتۈن قوشۇندىكى جەڭچىلەر ھارغىنلىقتىن ئۆزىنى
يۇلغۇنزارلىقنىڭ ئارىلىرىغا تاشلاپ شىرىن ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. چۈنكى بىز
21 – كۈنىدىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە يا تاماق يەپ يا ئۇخلاپ باقمىغان ئىدۇق.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يول ئۇزۇن، ھاۋا بەكلا ئىسسىق، سۇ يوق، ئۇسسۇزلۇق قاتارلىق
قىيىنچىلىقلار بىزنى تازا قىينىغان ئىدى. مەن، نىزامىدىن، ھەسەن قارى،
توختىھاجى قاتارلىق سەپداشلىرىم بىلەن بىر يەردە يۇلغۇننى سۇندۇرۇپ سايىۋەن
ياساپ كۈن نۇرىنى توسۇپ ئۇخلىغان ئىدۇق، بىزگە ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بىر
يەردە، بىزنىڭ ئۇدۇلىمىزدا ئاخۇنوپ بىلەن ئوسمانجانلار ئورۇن ھازىرلاپ، دەم
ئېلىشقا ھازىرلىنىۋاتاتتى. ئارىمىزدا ئازغىنا ئۈزۈك بولۇپ، بىر ـ بىرىمىزنى
كۆرۈپ تۇرۇشاتتۇق، قالغان جەڭچىلەر تەرەپ تەرەپكە بۆلىنىپ، ئىككى ـ ئۈچتىن
بىر بولۇپ، دەم ئېلىشىۋاتاتتى. سائەت 10 بولغان ۋاقىت ئىدى، خەيرۇللاھ مېنى
ئويغاتتى، مەن بەك تەسلىكتە كۆزۈمنى ئاچتىم. ھارغىنلىقىم تېخى يېشىلمىگەن،
كۆزۈم ئۇيقۇدا ئىدى. مېنى ئۇياققا چاقىردى. بارسام ئاخۇنوپ، خەيرۇللاھ،
مىجىت سىلىڭ، ئوسمانجانلار بار ئىكەن. بىز بەش كىشى ئىكەنمىز. خەيرۇللاھ
جىددى بىر يىغىن ئېچىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، قىلىدىغان ئىشلار
ھەققىدە گەپ باشلىدى، مەن ئۇلارنىڭ گېپىنى باشتىن ـ ئاخىر دىققەت بىلەن
ئاڭلىدىم. قىزغىن تالاش ـ تارتىش نەتىجسىدە، ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنى
خۇلاسە قىلغان ئاخۇنوپ مۇنداق قارار چىقاردى:
1 -
گورۇپپا كەچ سائەت يەتتىدىن بۇرۇن قاراجۈل يېزىسىنى تامامەن ئۆز
كونتروللىقىغا ئېلىش.
2 -
گورۇپ مىجىت سىلىڭنىڭ قۇماندانلىقى بىلەن ياڭچاڭنى ئىگەللەپ (قاراجۈل
يېزىسىنىڭ بىر ئات – ئۇلاغ پىرمىسى بار ئىدى)، ئاتلىق قوشۇن ھازىرلاپ،
سوۋېت چېگرىسىغا بېرىپ، خىتاي ئەسكەرلىرىنى تازىلاپ، ئۇياقتىن كېلىدىغان
«يۇرتنى قايتۇرىۋىلىش ئارمىيىسى»نى كۈتۈۋىلىش ئۈچۈن ئېچىق ئېچىش.
خەيرۇللاھ سۆز تىكىستىنى ھازىرلاپ، كەچتە قاراجۈل يېزىسىنىڭ رادىئو
ئۇزۇلىدا پۈتۈن دۇنياغا شەرقىي تۈركىستان خەلق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ
قاراجۈلنى تايانچى پونكىت قىلىپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىغا ئۆتكەنلىكىنى،
دۇنيادىكى ئادالەتپەرۋەر كۈچ ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى مۇراجىئەت
قىلىش ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىش.
جېلىل قارىم ئارقىدىن ئۇلاپلا قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ
مۇددىئا مەقسەتلىرىنى، قاراجۈل خەلقىگە ئاشكارا ئېلان قىلىپ، خەلقنى ۋەتەن
قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىغا ئىشتىراك قىلىپ، قوشۇننى زورايتىش ئۈچۈن ئەسكەر ئېلىشقا
تۇتۇش قىلىش، بۇ خىزمەتكە ئوسمانجان مەسئۇل بولۇش.
يىغىن سائەت 12 دە ئاخىرلاشتى، ئەسكەرلەرنى بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ،
بۇيرۇققا بىنائەن مەن سائەت ئىككىگىچە پوستا تۇردۇم، سائەت ئىككى بولغاندا
پوست نۆۋىتىنى مىجىت سىلىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەردىم. ئۇ سائەت تۆتكىچە پوستا
تۇرىشى كېرەك ئىدى. ئۇ كۈنى مىجىت سىلىڭنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىكەن،
يولدا كەلگۈچە ئۇسسۇزلۇقتىن، ئاچچىق شور سۇنى ئىچىپ قويۇپ، ئىچى سۈرۈپ
كەتكەن ئىكەن، مىجىت سىلىڭنىڭ پوس نۆۋىتىنى مەريەم ئۆتكۈزىۋىلىپ «مىجىتكام
دەم ئالسۇن، مەن قىلاي» دېگەن ئىدى، مەن ناھايىتى ھۇشيار تۇرۇڭ! ئۇخلاپ
قالماڭ! دەپ، جىكىلەپ قايتىپ كېلىپ ئۇيقۇغا باش قويغان ئىدىم.
قانچىلىك ئۇخلىغىنىمنى بىلمەيمەن، قاتتىق ئېتىلغان ئاپتوماتنىڭ ئوق ئاۋازى
مېنى ئويغىتىۋەتكەن ئىدى. بېشىمنى كۆتۈرسەم، قاچ - قاچنىڭ دەستىدىن ھېچ
نېمىنى سېزەلمىدىم. بىر توپ خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇلار بۇيەردە ئىكەن، دەپ
توۋلىغانلىقىنى ئاڭلىدىم، ئارىلىقى خېلى يىراق ئىدى. بىز تەرەپتىنمۇ قوماچ
قورىغاندەك ئوق ئاۋازى ئېتىلىشقا باشلىدى. خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئاۋازى
يوقاپ يىراق بىر تەرەپلەرگە كەتكەندەك بولدى. مەلۇم بولدىكى، مەريەم پوسقا
تۇرغاندا، ياغلىق، پايپاق قاتارلىق بىر يۈرۈش كىيىم ـ كىچەكلىرىنى يۇيۇپ،
يۇلغۇننىڭ شىخىغا ئارتىپ قويغان ئىكەن، بىزنى ئىزدەپ قوغلاپ يۈرگەن خىتاي
ئەسكەرلىرىنىڭ ياڭ پامىلىلىك بىر پەي ئەسكىرى، يىراقتىن دۇربۇندا يۇلغۇنغا
ئېسىلغان ئالا بۇلىماچ كىيىملەرنى كۆرىدۇ، يەرلىك غالچىلار ئۇ يەردە
قەدىمدىن ئادەم ياشىمايدىغان يۇلغۇنزارلىق، بەلكىم قاچقان ئادەملەر شۇ
يەردە بولۇشى مۈمكىن دەپ خىتاي ئەسكەرلىرىنى شۇ تەرەپكە بېرىشقا ئۈندەيدۇ.
بىز 21 - كۈنى ماشىنىلىرىمىزنى تاشلاپ، ماڭغان كۈننىڭ ئەتىسى، يول بويىدىكى
ئېگىسىز ماشىنا ئۇلارنىڭ دىققىتىنى چىكىپ، ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ،
تەكشۈرۈپ ئۈستىگە چىقسا، ماشىنىدا ئېغىر قوراللار، شەرقىي تۈركىستاننىڭ
بايرىقى، ئىككى تاغاردا خىتاينىڭ 10 يۇۋەنلىك پۇلى، ئوزۇق تۈلۈك، ئوق ـ
دورا.... قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئارقىمىزدىن
ئىزدەپ يۈرگەن ئىكەن.
مەريەم شېھىد بولغان ئىدى، ئۇنىڭ كۆكسىدە يەتتە پاي ئاپتوماتنىڭ ئوقىنىڭ
ئىزى قالغان ئىكەن، ئۇقساق، خىتاي ئەسكەرلىرى ئۇدۇل مەريەم بار يەرگە كېلىپ
قاپتۇ، مەريەم خۇداغا شۈكرى شەرمى – ھايا يۈزىسىدىن، بىزدىن خېلى يىراق
يەردە كىيىم يۇيۇپ، پوسقا تۇرغان ئىكەن، دۈشمەننى كۆرگەن مەريەم
تاپانچىسىنى چىقىرىپ دۈشمەنگە قارىتىپ ئوق ئۈزۈپتۇ، دۈشمەننىڭ ئىككى
ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپتۇ، ياڭ پامىلىلىك پەيجاڭنىڭمۇ ئايىغىغا ئوق تەككەن
ئىكەن، ئۆلمەي قالغان ياڭ قولىدىكى ئاپتومات بىلەن مەريەمگە قارىتىپ بىر
دىسكا ئوقنى چىقارغان ئىكەن، مەن ھارغىنلىقتىن مەريەمنىڭ ئاتقان تاپانچا
ئاۋازىنى ئاڭلىماپتىمەن، كېيىن ئېتىلغان خىتاينىڭ ئاپتۇمات ئوقىنىڭ
ئاۋازىدىن ئويغانغان ئىكەنمەن.
ئاخۇنوپ ھەممىمىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ، دۈشمەن بىزنى سەزدى، ئەھۋال جددىيلەشتى،
ھەممىڭلار قالايمىقان ئوق چىقارماڭلا! بۇيرۇققا بويسۇنۇڭلا! دەپ بىزنىڭ
ئورۇنلىشىش جايىمىزنى يېڭىباشتىن ئورۇنلاشتۇردى، ھەممەيلەن قوراللىرىمىزنى
بەتلەپ دۈشمەن تەرەپكە قاراپ ياتماقتا ئىدۇق، ھەممە يەر قېلىن
يۇلغۇنزارلىق، 10 مىتىر يىراقتىكى ئادەمنى كۆرۈش مۈمكىن ئەمەس.....
ئاخۇنوپ قولى بىلەن شەرەتلەپ، پەس ئولتۇرۇڭلا، بېشىڭلارنى چىقارماڭلار دەپ
بىز تەرەپكە قارىتىپ، نەسىھەت بېرىۋاتاتتى، ئاخۇنوپنىڭ قول ئىشارىتىنى خاتا
چۈشەنگەن نىزامىدىن ھاپىلا ـ شاپىلا، بىز بار يەردىن قوزغىلىپ ئاخۇنوپ بار
تەرەپكە ماڭغىلى تۇردى، ئاخۇنوپ بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئازغىنا ئۈزۈك
بولۇپ، باشقا جاي قېلىن يۇلغۇنزارلىق ئىدى، نىزامىدىن ئاخۇنوپ مېنى
چاقىردەپ چۈشەنگەن ئوخشايدۇ، ئۇ بىزدىن ئايرىلىپ بەش قەدەم ماڭا ـ ماڭماي
گۇم قىلغان بىر پاي ئوقنىڭ كېلىشى بىلەن يەرگە يىقىلدى، ئۇ سەلتۈرلۈپ،
سېرىلغان پېتى دۈم يەرگە چۈشتى، ئۇنىڭ چىرايىدا بىر خىل غەزەپ ئوتى
يالقۇنجاۋاتقاندەك قىلىۋاتاتتى، قاپقارا چاچلىرى بىلىنە - بىلىنمەس
تىترەيتتى، ئاغزىدىن ئانىسىنىڭ ئوغۇز سۈتى تېخى تېمىپ تۇرغان بىر گۆدەك
سەبى بالا ئارزۇ ئارمانسىز ئۇ ئالەمگە كېتىپ قالدى، ئۇنىڭ جان
ئۈزۈۋاتقاندىكى كۆرۈنۈشى، ھېلىمۇ يادىمدىن چىقمايدۇ، ئۇنىڭ لەپىلدەپ تۇرغان
قارا ساچلىرى، ئاناردەك قىپقىزىل ئىككى مەڭزى، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ
دۈشمەنگە نەپرەت كۆزى بىلەن ئالىيىپ تۇرغان سىياقى ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدىن
يوقالغىنى يوق، ئۇ شۇ يىلىى 18 ياشقا تېخى توشمىغان ۋاقتى ئىدى. ئۇنى
كۆرگەن يېقىندىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى، ئىچ ئاغرىتتى. ئىككى كۈن
بۇرۇن دادامنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىمەن دەپ بۇ مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلانغان بۇ
ئوغلانىمىز ۋەتەن، مىللەت يولىدا ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئىدى،
مەرھۇمغا جانابى ئاللاھتىن جەننەت مەرھىمىتى تىلەيمەن! ئامىن!
دۈشمەننىڭ رادىئو كانايلىرى ئىشقا چۈشتى، «ئىقرار قىلساڭ كەڭچىلىك قىلىمىز،
قارشىلىق كۆرسەتسەڭ ئېغىر جازالايمىز، باش جىنايەتچىنى جازالاش،
ئەگەشگۈچىلەرنى سۈرۈشتە قىلماسلىق. نەيزىنى ئارقىغا قايرىپ
ئۇرغانلىق،خىزمەت كۆرسەتكەنلىك بولىدۇ، قورال تاپشۇرساڭ ئۆلتۈرمەيمىز.....»
دۈشمەننىڭ تەشۋىقاتىغا ھېچ كىم پىسەنت قىلمايتتى، ھەممە تىمتاس، جىمجىت
ئىدى، ھەتتا بىرسىنىڭ يۆتەلگەن ئاۋازى ياكى تىنغان تىنىقىمۇ
سېزىلمەيتتى،كاناي ئاۋازى يەنە ئاڭلىنىشقا باشلىدى، جاۋاپ بېرىشنى تەكرار
تاپىلىدى. ھېچ كىم ئۇلارغا جاۋاپ قايتۇرمىدى. دۈشمەن ھەيۋە بىلەن بىر
بېسىپ، ئىككى بېسىپ كېلىشكىلى تۇردى، پەقەت يۇلغۇننىڭ شىرىقلىغان ئاۋازىدىن
ئۇلارنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلەتتۇق، دۈشمەن ئەسكەرلىرى راستىنلا
كۆرۈنۈشكە باشلىدى، چۈنكى ئۇلار ئۆرە مېڭىپ كېلىۋاتاتتى. سانىنىڭ قانچە
ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلش تەس ئىدى. دۈشمەن كەلدى، تېخىچە ئوق چىقىرىش
قۇماندىسى بېرىلمىگەن ئىدى. مەن ھەيران قالدىم، كۆڭلۈمگە كەلمىگەن يامان
ئويلار كەلدى، مەن ئاخۇنوپتىن گۇمانلانغىلى تۇرغان ئىدىم. بۇيرۇقسىز ئوق
چىقىرىش مۈمكىن ئەمەس ئىدى، نېمە ئۈچۈن ئوق چىقىرىشقا بۇيرۇق
بەرمەيدىغاندۇ!
تىرىك قولغا چۈشەمدىغاندۇق؟! بۇ شۇنداق قىسمەتمىدۇ يا؟!.......
خىتاي ئەسكەرلىرى 25 مىتىر 30 مىتىرلاپ يېقىنلاپ كېلىپ قالغان ئىدى. ئىچىم
تىت – تىت بولىۋاتاتتى....كۈتۈپ تۇرۇشقا يانا تاقىتىم قالمىغان ئىدى.
«ئاگۇم!» دېگەن بۇيرۇق بېرىلدى. بىزنىڭكىلەر خۇددى ماڭا ئوخشاش ئوق چىقىرىش
بۇيرۇقىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن. بىرلا ۋاقىتتا تاراسلىغان
ئوق ئاۋازى جاھاننى بىر ئالدى، ھەممە يەر ئوقنىڭ ھىدىغا توشۇپ كەتتى.
گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇۋاتقان تىنىمسىز يۈرەكلەرنىڭ قالايمىقان سوقۇشى بىردىنلا
جايىغا چۈشۈپ قالدى. ھەيۋە سېلىپ «ئىقرار قىلساڭ ئۆلتۈرمەيمىز، خىزمەت
كۆرسەتسەڭ مۇكاپاتلايمىز» دېگەن خىتاينىڭ ئۆزىمۇ كۆرۈنمىدى، ئاۋازىمۇ يوقاپ
كەتكەن ئىدى، پەقەت قەيەرلەردىدۇر خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قېچىۋاتقان سەت
قىياپەتلىرى غىل پال كۆزۈمگە چېلقىپ قالدى. بىرسى چۈشۈپ قالغان
باتولۇشكىسىنى ئېلىشقا ئۈلگۈرمەي قېچىۋاتاتتى، يەنە بىرسىنىڭ قورالى يۇلغۇن
شىخىغا ئىلىنىپ قالسا، قورالىنى ئالماي قېچىۋاتاتتى، مەن ئۇ كۆرۈنۈشنى
كۆرۈپ ئۆزەمچە كۈلۈپ كەتسەم ماڭا قاراپ تۇرغان ھەسەن قارى بىلەن توختىھاجى
مېنى «سىلە ساراڭ بولۇپ قاللىمۇ؟ ئېشەك ئۆلەۋاتسا قوڭى غىجەك چاپتۇ
دېگەندەك، كۈلگەنلىرى نېمىسى؟» دېدى. مەن كۆرگەنلىرىمنى دەپ بەرسەم،
ئۇلارمۇ كۈلۈمسەرەپ قويغان ئىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ قاچقان ۋاقتىدىكى
كۆرۈنۈشىنى ئۇلار كۆرۈشكە ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدى. ئۇلار ئۇزاپ كېتىپ قالغان
ئىدى.
ئاخۇنوپ بۇيرۇق بېرىپ: «ئولجىلارنى ئېلىڭلار» دېدى. گۈلدۈر - گۈلدر
يۈگرىگەن بۇ ئادەملەر، ھېچ نېمىگە قارىماي قورال يىققىلى ئۆمۈلىشىپ
كېتىۋاتاتتى. مەنمۇ ئەل قاتارى بېرىپ يېقىن ئارىدىكى ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىدىن
بىرسىنىڭ 56 لىك ئاپتۇماتىنى، يېنىدىكى ئوقدانلىرىنى ئالا قويماي ئاختۇرۇپ
ھەممىنى ئېلىپ قايتىپ كەلدىم، قارىسام خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۆزلىرىنىڭ
ئەسكەرلىرىنىمۇ ئالدىغان ئىكەن. ھەر بىر دىسكىدا 7 – 8 تالدىن ئوق بار
ئىكەن. ئەسلىدە 56 لىك ئاپتۇماتنىڭ دىسكىسىدا 25 پاي ئوق بولۇشى كېرەك
ئىدى. ئوقدانلىرىنى بىلىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ كەلگەن ئىدىم، ئوقدانلىرىنىڭ
خالتا تۆشۈكىدە يەنە ئوخشاشلا ياغاچتىن ياسالغان يالغان ئوق بار ئىكەن.
باشقىلارنىڭ ئولجا ئالغان قوراللىرىنىڭ بەزىلىرىدە ئوق يېتەرلىك، بەزىلىرى
قۇرۇق ئىكەن، ئاخۇنوپ ھەممەيلەننى دۈشمەننىڭ قايتا كېلىشىنى كۈتۈپ
قالايمىقان ئوق چىقارماسلىقنى تاپىلىدى. ئاخۇنوپنىڭ ئەسلىدە دۈشمەنگە
يېقىنلاپ كەلگەندە ئوق چىقىرىشقا بۇيرۇق بەرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى كېيىن
ئۇققان ئىدىم، چۈنكى بىزنىڭ قوراللىرىمىزنىڭ كۆپى تاپانچا بولۇپ، ئېغىر
قوراللار ماشىنا بىلەن قەشقەر تاش يولىدا دۈشمەنگە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان
ئىدى. تاپانچا بىلەن 30 مىتىردىن يىراق يەردىكى دۈشمەنگە زەربە بېرىش
مۈمكىن ئەمەس ئىدى، شۇنى نەزەردە تۇتقان ئاخۇنوپ، دۈشمەننىڭ يېقىنلاپ
كېلىشىنى كۈتۈپ، ئەڭ يېقىن جايدىن دۈشمەنگە زەربە بېرىپ قورالغا ئىگە
بولۇشنى ئويلىغان ئىكەن.
دۈشمەن يەنە غالجىرلاشقىلى تۇردى، بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ دۈشمەن
كېلىشكە باشلىدى، باشقا جايلاردىكى بىزنى بۆلىنىپ – بۆلىنىپ ئىزدەپ يۈرگەن
دۈشمەنلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىزگە قارشى يېڭى سەپ تۈزگەن ئىدى. دۈشمەن
گەرچە بۇرۇنقىدىن كۆپەيگەن بولسىمۇ بىزنىڭ ئىرادىمىزمۇ بۇرۇنقىدىن چىڭىغان
ئىدى، ئۆلۈپ كەتسەك ئارمانىمىز يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۈشمەننىڭ ئازدۇر ـ
كۆپتۇر قوراللىرىنى ئېلىپ جانلىنىپ قالغان ئىدۇق. ئىنشائاللاھ! ھەممىمىز
يەنە بىر نەچچىنى ئۆلتۈرۈۋىلىپ ئۆلۈپ كەتسەك مەيلىغۇ دېگەن ئۈمىد بىلەن
دۈشمەننىڭ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتاتتۇق، بىر - بىرىمىز بىلەن
رازىلىق ئېلىشىپ، شاھادەت شەربىتىنى ئىچىشنى كۈتمەكتە ئىدۇق. 2 – گۇرۇپ
تەرەپتىن بىرسىنىڭ قالايمىقان توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، مەن پەرق
ئېتەلمىدىم، نېمە دېگىنىنى چۈشەنمىدىم، بىرسى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بىر
نېمىلەرنى دەۋاتاتتى، ئۇنىڭ گېپى يا ئۇيغۇرچە ئەمەس، يا خىتايچە ئەمەس
ئىدى. تۇيۇقسىز ئېتىلغان ئوقنىڭ ئاۋازى بىلەن ئۇنىڭ ئۈنى ئۆچتى، يەرگە
يېقىلدى بولغاي چىغى! يېنىمدىكى باشقىلاردىن ئۇقسام، گايىت چوقۇر دېگەن
كاللىسىدىن ئېزىپ، قالايمىقان سۆزلەپ خىتايلارغا چۈشۈنۈكسىز بىر گەپلەرنى
قىلغان ئىكەن، ئۇنى توختىتالماي، مىجىت تاپانچا بىلەن ئۇنىڭغا ئوق
چىقىرىپتۇ، ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا ئوق تىگىشى بىلەن يەرگە يىقىلغان ئىكەن،
يېنىدىكى سەپداشلىرىدىن قۇربان نىياز ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇتۇپ گەپ قىلماسلىقنى
تاپىلىغاندا ئاغرىق ھېس قىلغان گايىت چوقۇر ھۇشىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ خاتا
قىلغانلىقىنى بىلىپ، پەسلەپ قالغان ئىكەن.
دۈشمەننىڭ ئەسكەرلىرى يەنە كېلىشكە باشلىدى، بۇ قېتىمقىسى 2 – ھۇجۇمى ئىدى،
دۈشمەن لابالىرى يەنە كاپشىغىلى تۇردى، قۇلاقنى يېرىۋەتكۈدەك سۆزلىگىلى
تۇردى، گايىت چوقۇرنىڭ قولىنى كۆتۈرۈپ قىلغان پەلە پەتىش گەپلىرى ئۇلارنى
تەسلىم بولىمىز دېدى دەپ چۈشەنگەن بولغاي چېغى!
بىز
قۇمانداننىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈپ 1 - دەرىجىلىك ئۇرۇش ھازىرلىقىدا ئىدۇق.
يېنىمدىكى ھەسەن قارى بىلەن توختىھاجى تەيەممۇم قىلىپ، ئۆلۈپ كەتسەم
تاھارەت بىلەن كېتەي دەپ تاھارەت يېڭىلىغىلى تۇرغان ئىدى.
دۈشمەن بۇ قېتىم ئۇزاقتىن شىددەت بىلەن ئوق چىقىرىۋاتاتتى، بىز ئوق
چىقارمىدۇق، بۇيرۇق يوق ئىدى، دۈشمەنلەر بارا – بارا يېقىنلاشقىلى تۇردى،
نېمە ئۈچۈندۇر ئۇزاقتىن ئېتىلغان پىلىمۇتنىڭ ئوقى بىزنى مىدىرلاتقىلى
قويمايتتى، قەيەردە يۇلغۇن شېخى مىدىرلىسا شۇ يەردە ئادەم بار دەپ دۈشمەن
شۇ يەرنى نىشانغا ئالاتتى. مېنىڭ بېشىمنىڭ ئالدىدىن 30 سانتىمىتىر يەرگە
تاراقشىپ ئوق كېلىپ توپا توزۇتۇپ چۈشكىلى تۇردى، دۈشمەن مېنى نىشانغا
ئالغان ئىدى، مەن دەرھال ئورۇننى ئالماشتۇردۇم، ھەسەن قارى بىلەن
توختىھاجىلارمۇ ماڭا ئەگىشىپ ئورۇن ئالماشتۇردى، خۇدا ساقلىسا بالا يوق
دېگەندەك، مەن قوزغالغاندىن كېيىن، دەل مېنىڭ ئورنۇمغا ئۈزۈلمەي ئوق كېلىپ
چۈشكىلى تۇردى، ئاخۇنوپنىڭ «ئاگوم!» دېگەن بۇيرۇقى ئاڭلاندى، ئېتىشۋازلىق
قىزىپ كەتتى، ئۇرۇش بۇ قېتىم ئالدىنقى قېتىمدىكىدەك تېز ئاخىرلاشمىدى،
دۈشمەنلەرمۇ يەرگە يېتىپ، بەزىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە
ئىدى. ئۆرە تۇرغان دۈشمەننى بىز ئاسانلا پەرق ئېتەلەيتتۇق،
يېتىۋالغانلىرىنى بىزمۇ كۆرەلمەيتتۇق، ئۆرە ماڭغان دۈشمەن ئەسكەرلىرى پات ـ
پات يىقىلاتتى، بەزىلىرىنىڭ «ئەييا دىسە ئەييا!» دەپ يىغلىغان يىغىلىرىمۇ
ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئوق تەككەن دۈشمەنلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى، ئاخۇنوپ قول
ئىشارىتى بىلەن ئوڭ تەرەپتىن ئوق چىقىرىشقا بۇيرۇق بەردى، بىز دۈشمەنگە
ياندىن تۇيۇقسىز زەربە بەردۇق. دۈشمەن بىزنىڭ سانىمىزنى جىق ھېسابلىدى
بولغاي، يان تەرەپتىنمۇ ھۇجۇمنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلگەن دۈشمەن ئەسكىرى
قېچىشقا باشلىدى.
سائەت بەشتىن ئاشقان مەزگىل ئىدى، بىز دۈشمەننىڭ كېلىشىنى پايلاپ تۇرغان
ئىدۇق. بىر يەردە مىجىت سىلىڭنىڭ ئىنجىقلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. دۈشمەن
بىزدىن بەك يىراقتا ئىدى، ئۇرۇش ئۈزۈلگەن ئىدى. مىجىتقا بىر نەچچە پاي ئوق
تىگىپ، ھالسىزلانغان ئىكەن، ئۇ يېنىدىكى 2 – گورۇپپىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد
ئىمىنغا: «مېنى ئېتىۋەت! مەن بەك قىينىلىپ كەتتىم» دەپ قولىدىكى
تاپانچىسىنى بەرگەن ئىكەن، ئۇنى ئېتىۋىتىش ئۈچۈن قولىغا قورالنى ئېلىپ ئوق
چىقىرىشقا تەمشەلگەندە ئاخۇنوپ ئۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ: «سەن نېمە ئىش
قىلماقچى؟ ئەگەر ئۇلۈشنى خالىسا ئۆزىگە ئۆزى تەدبىر قوللانسۇن، بىزنىڭ
قورالىمىز، قوراللىرىمىزنىڭ ستولى، ماۋ، لىن گورۇھىغا (ماۋزېدۇڭ، لىن
بىياۋ)، خىتاي كوممۇنىستلىرىغا، مىللى مۇناپىق ۋەتەن خائىنلىرىغا
قارىتىلسۇنكى ھېچ ۋاقىت ئۆز خەلقىمىزگە، ئۆز مىللىتىمىز گە قارىتىلمىسۇن،
بۈگۈن سەن ئۇنى ئاتقان بىلەن، ئەتە خەلق سوتى سېنى جازالايدۇ» دەپ تەنبىھ
بەرگەن ئىدى. ئاخۇنوپنىڭ سۆزى مۇھەممەد ئىمىنغا قاتتىق تەسىر قىلدى بولغاي،
ئۇنىڭ قولىدىكى قورال تىترىگەن پېتى يەرگە چۈشۈپ كەتتى. مىجىت ئاخۇنوپنىڭ
سۆزى بىلەن يەردىكى قورالنى سىلاپ ئاران – ئاران قولىغا ئېلىپ ئۆزىنىڭ
بېشىغا قارىتىپ ئاتقان ئىدى، پاڭ قىلىپ ئېتىلغان ئوق ئاسماننى بىر
قاپلىدى.......
ھەممىمىز ئاخۇنوپنىڭ سۆزى ۋە مىجىتنىڭ جەسىتىگە قاراپ، تىمتاس تۇرۇپ قالغان
ئىدۇق، بۇ ئۆلۈم بىزنىڭ سەپداشلىرىمىزدىن 3 – كىشىنىڭ ئۆلۈمى ئىدى.
ئاخۇنوپ قولىمىزدىكى قوراللارنىڭ سانى ۋە ئوق دورىلىرىمىزنىڭ سانىنى
ئالغاندىن كېيىن، بىر پەس تۇرۇپ كېتىپ، ئاسماندىكى كۈن نۇرىغا بىر قاراپ،
ئەگەر دۈشمەن بىلەن بولغان جەڭ ئاخشامغىچە داۋاملاشسا، كۆز باغلانغان ھامان
بۇيەردىن قوزغىلىپ 25 – كۈنى.... غا ھازىر بولۇڭلا، شۇ يەردە ئۇچرىشىمىز،
دەپ تاپىلىدى، بىز دۈشمەن ئىلاجى بار كەلمەي تۇرسىكەن، قاراڭغۇ چۈشكەندە بۇ
يەردىن قوزغىلىمىز دەپ تەييارلىق قىلىشنىڭ كويىغا چۈشكەن ئىدۇق.
قاقۋاش دۈشمەن يەنە 3 - قېتىملىق ھۇجۇمنى باشلىدى، بۇ قېتىم كەلگەن دۈشمەن
ئالدىنقىسىغا ئوخشىمىدى، بۇلارنىڭ قوراللىرى سەرخىل ئىدى، ئېتىلغان ئوقنىڭ
ئاۋازىدىن زامانىۋى قوراللارنى ئىشقا سالغانلىقىنى سەزگەن ئىدۇق، ئۇزاقتىن
نەچچە پىلىمۇتنىڭ ھىمايىسىدە بىزگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى، ئوقنىڭ
ئۈزۈلمەي چۈشىۋاتقان ھېسابسىز سانىدىن بېشىمىزنى كۆتۈرۈشكە ئىمكانىمىز
قالمىغان ئىدى، يۇلغۇن شاخلىرىنىڭ تاللىرى، پىلىمۇت ئوقىنىڭ زەربىسىدىن
تاراسلاپ سۇنۇپ يەرگە چۈشكىلى تۇردى، بىزگە دالدا بولغان بۇ تەبىئەت
مەنزىرىسى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىماقتا ئىدى، قاياققا مىدىرلىساق دۈشمەن شۇ
تەرەپكە قارىتىپ ئوق چىقىراتتى، بىزنىڭ ئاتقان ئوقلىرىمىز نەلەرگىدۇر
كېتىۋاتقاندەك، دۈشمەن ئەسكەرلىرى جېنىدىن تويۇپ، غالجىرلىق بىلەن يەنە شۇ
كونا داۋراڭنى سېلىپ كەلمەكتە ئىدى. دۈشمەن يېقىنلاپ كەلدى، بىزنىڭ
ئوقىمىزمۇ ئاساسى جەھەتتىن بىر يەرگە بارغان ئىدى، ئۇيەردە بۇيەردە بىزنىڭ
ئاتقان ئوقىمىزنىڭ ئاۋازى ساناقلىقلا ئاڭلانماقتا ئىدى، دۈشمەن راستىنلا
يېقىنلاپ كەلدى، سەپداشلىرىمنىڭ بەزىلىرى جان ئاچچىغىدا يۇقىرى ئاۋازدا
تەكبىر توۋلاپ ئۆرە تۇرۇپ ئوق چىقىرىۋاتاتتى......
ئاخۇنوپ مېنى چاقىردى، دەرھال يىنىغا باردىم. «سەن بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ
دەرھال بۇ يەردىن چىكىن، ئەگەر دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ قالىدىغان بولساڭ بۇ
نەرسىنى ئۇلارغا تاپشۇرغۇچى بولما، تېز ماڭ!» دېدى. نۇرغۇن گەپ - سۆزلەرنى
بىردىنبىر ماڭا يېپىدىن - يىڭنىسىغىچە تاپىلىدى..........
مەن
ئاخۇنوپنىڭ بۇيرۇقى بىلەن دەرھال ئۇرۇش مەيدانىدىن چىكىنىش ئۈچۈن، چاقماق
تېزلىكىدە تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ يولغا ماڭماقچى بولۇپ، ئاخۇنوپقا قاراپ
خوش! دېيىش ئۈچۈن ئارقامغا قارىسام، ئاخۇنوپنىڭ پاڭ قىلىپ ئۆزىگە قارىتىپ
ئاتقان ئوقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئاخۇنوپ ئۈستىدىكى سىما رەڭ دىكا
چاپىنىنى سېلىپ، دىچۇلىياڭ ئاق كۆينىكىنى سېلىۋىتىپ، ئاسما مايكىسىنىمۇ
قايرىۋىتىپ، يۈرىكىگە قارىتىپ ئاتقان ئىكەن، ئاھ! خۇدا! دېدىم ....
مۇھاسىرىدىن چىقىپ، ئۇزاققىچە ئۆمىلەپ، يار لىۋىگە كېلىپ، ياردىن چۈشۈپ،
يارنىڭ ئىچىدىكى ئېقىن بىلەن قاچتىم، بىر يەرگە كەلسەم ئاتنىڭ كىشنىگەن
ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇ يەردە خىتاي ئەسكەرلىرى بار ئوخشايدۇ، دەپ دىققەت
بىلەن تىڭشىسام، توقۇلغان ساغرىسىدا كۆيەك تامغىسى بار ھەربىي ئاتلار
ئىكەن، قانداقتۇر يېقىن ئەتراپتا ئادەملىرى كۆرۈنمەيتتى، ھەربىي قائىدە
بويىچە، بىر ئىسكادىروندىكىلەر ئۇرۇشقا بارغاندا، ئاتتىن چۈشۈپ پىيادە جەڭ
قىلماقچى بولسا، ئاتلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، بىر كىشىنى ئاتلارغا
قاراشقا قالدۇرۇپ، قالغانلىرى پىيادە جەڭگە ئاتلىنىشى كېرەك ئىدى. مەن شۇ
ۋەجدىن چوقۇم ئاتلارنىڭ يېنىدا بىر ئەسكەر بار، دەپ پەرەز قىلىپ، ئۆمۈلىگەن
پېتى ئاتقا يېقىنلاشتىم، بىر ئادەمنى ئۇجۇقتۇرماق بەك ئاسان ئىدى،
جاسارىتىم كۈچلۈك ئىدى، نېمە ئۈچۈنكى ئاتنىڭ يېنىدا ئادەم يوق ئىكەن.
سىنجىلاپ تەكرار كۈزەتكەندىن كېيىن ئاتلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ياخشى ئاتتىن
بىرنى تاللىۋىلىپ، قالغان ئاتلارنىڭ يۈگەن – نوختا، ئىگەرلىرىنى چۇۋۇپ
بوشىتىپ، ئۇ يەر بۇيەرگە تاشلىدىم. بوشانغان ئاتلار نېمە ئۈچۈندۇر، تەرەپ -
تەرەپكە قېچىشقا باشلىغان ئىدى، ئۇلار نەچچە كۈندىن بىرى يول يۈرۈپ
ئىگىسىدىن بىزار بولغانمۇ ياكى ئېتىلىۋاتقان ئوق ئاۋازىدىن ھۈككەنمۇ
بىلەلمەي قالدىم، ئاتلار مېنىڭ ھەيدىۋىتىشىمنى كۈتمەيلا قېچىشقا باشلىغان
ئىدى. مەن ئۆزەم تاللىۋالغان ئاتقا مىنىپ ئۇچقاندەك نىشانغا قاراپ يۈرۈپ
كەتتىم. مەن ئاتتا ئەمەس، بەلكى ھېكايە – چۆچەكلەردىكى باتۇر پالۋانلاردەك
سۇمرۇققا مىنىپ ئاسماندا پەرۋاز قىلىۋاتاتتىم. ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن
ئوتتەك ئىسسىغان كۈن نۇرى مېنىڭ ئاتقا مىنىشىم بىلەن سەل بوشاپ قانداقتۇر
سالقىنلىق ھېس ئەتكۈزەتتى، سىم – سىم يامغۇر يىغىپ، مېنىڭ سەپىرىمگە ئاق
يول تىلىگەندەك قىلاتتى.
بەشىنچى باپ
خىتاي زىندانلىرىدا
مەن
ئەڭ ئاخىرىدا ئەسىرگە چۈشكەن ئىدىم.
1969
– يىلى 8 - ئاينىڭ 25 – كۈنى چۈش مەزگىل ئىدى. مەن يېڭى ۋەزىپە بىلەن
بەلگىلىگەن مۇددەت ئىچىدە
CCCR
چېگرىسىغا يېتىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى. يولدا كېتىۋاتسام، كۈتۈلمىگەن بىر
يەردىن ئۈچ ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈندى. ئۇلار ھەربىيلەر ئەمەس ئىدى، پۇقراچە
كېيىنىۋالغان كىشىلەردەك كۆرۈنەتتى، مەن ئات ئۈستىدە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىدىن
خىتاي ئەسكەرلىرى ئەمەس، يەرلىك كىشىلەر دەپ جەزمىلەشتۈردۈم. ئۇلارمۇ مېنى
كۆرگەن ئىدى، ئۇلار ئات چاپتۇرۇپ ماڭا قاراپ كېلىۋاتاتتى، مەن ئۇلارنىڭ
مېنى ئىزدەپ يۈرگەن غالچىلار ئىكەنلىكىنى بىلىپ، دەرھال يېنىمدىكى قورال
ۋە باشقا نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇۋىتىپ، پەقەت بىر تاللا خاسىيەتلىك ئالتۇن
ئۈزۈك بار ئىدى، ئۇنى شىمنىڭ سائەت يانچۇقىغا سېلىپ، ئۇلارنى باشقا بىر
يولغا بۇراپ ئۇلارنىڭ دىققىتىنى چەكمەكچى بولدۇم. مەن ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرسام
بولاتتى. بەك قۇلاي ئىش ئىدى، ئۇلار مېنى تۇتۇش ئۈچۈن كېلىۋاتقان دۈشمەنلەر
ئىدى، ئۇلارنى ئۆلتۈرۋىتىپمۇ بۇ رايوندىن ساق چىقىپ كېتىشىمگە كۆزۈم
يەتمىدى، مەن مېڭىۋاتقان يول، بىز ئۈچۈن بىر قوغۇنلۇقنىڭ يولى ئىدى،
بىزنىڭكىلەر ھەر ھەپتىدە ياكى ئايدا بىر ـ ئىككى قېتىم مۇشۇ مەن ماڭغان يول
بىلەن كىرىپ ـ چىقىش قىلاتتى. بۇ يولدا ئادەملەرنىڭ پەيدا بولغانلىقى مېنى
تەئەججەپلەندۈرۈپ قويغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار يەرلىك خەلق يەنىلا
مېنىڭ قېرىندىشىم ئىدى. مەن مىللەتچىلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك
نوقتىئىينەزىرىدىن شۇنداقلا مەرھۇم ئاخۇنوپنىڭ: «بىزنىڭ قورالىمىز ۋە
قورالىمىزنىڭ ستولى ماۋ – لىن گورۇھىغا، خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارىتىلشى
كېرەك....» دېگەن سۆزى كاللامدىن زادىلا كەتمىگەن ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن
ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرۇش نىيىتىدىن يېنىپ، ئاتقا مىنىپ ئاتنىڭ سول تەرىپىگە
ئۆزەمنى يوشۇرۇپ، ئاتنىڭ ئوڭ تەرىپىنى ئۇلار تەرەپكە توغرىلاپ جەنۇپ
تەرەپكە قاچتىم، ئەگەر ئۇ تەلۋىلەر ئوق چىقارسا ماڭا ئەمەس ئاتنىڭ ئوڭ
تەرىپىگە ياكى قورساق قىسمى نىشانغا ئېلىناتتى، مېنى قارىغا ئاسانلىقچە
ئالالمايتتى، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىدىن خىتايغا تەلۋىلەرچە سادىق، قولىدىن ئىش
كەلمەيدىغان لالمىلار ئىكەنلىكى سېزىلىپ تۇراتتى، مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدىن
باشقا يەرگە بېرىپ تۇتۇلۇشۇم، يوشۇرغان نەرسىلەرنىڭ ئىزىنى يوقىتىپ، ئۇ
لالمىلارنىڭ دىققىتىنى بۇرۇۋىتىشلا ئىدى..... مەن ئاتنى تېز چاپتۇرمىدىم،
ئەگەر تېز چاپتۇرغان بولسام ئۇلارنىڭ يېتىۋىلىشى ناتايىن ئىدى، ئەگەر باشقا
تەرەپتە خىتاي ئەسكەرلىرىگە ئۇچراپ قالسام ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۋىتىشى
ئېنىقلا گەپ ئىدى، شۇلارنى ئويلاپ نېمە بولسا بولسۇن، بەرىبىر سەپداشلىرىم
بىلەن ئاخىرقى قېتىم دىدار كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ قاتارىدا ئۆلسەم، قانداغ
ئۆلگەنلىكىم بولسىمۇ ئۇلار تەرىپىدىن ئابىدە بولۇپ قالار، دېگەن خىياللار
بىلەن ئاتنى توختاتتىم، ئۇلار يېقىنلاشتى، ئۇلارنىڭ سانى كۆپەيگەن ئىدى،
ئەمما نېمە ئۈچۈندۇر يېنىمغا كېلەلمىدى، ئاتتىن چۈش دەپ ۋارقىرىدى، مەن ئات
ئۈستىدە ئاتنى ئۇياندىن بۇ يانغا ئايلاندۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئادىمىنىڭ كىملەر
ئىكەنلىكىنى بىلىۋىلىش ئۈچۈن ئەتەي ئاتتىن چۈشمەي بىر قۇر ئۇلارنى كۆزدىن
كەچۈردۈم، نېمە ئۈچۈندۇر بۇ بىر توپ ئىنسانلارغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى،
ئۇلارنىڭ رەڭگى رۇخسارىدىن توپا يىغىپ تۇراتتى، يۈز، مەڭزىدە بىرەر
قىزىللىق قاننىڭ ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى، لەۋلىرى شورلىشىپ كەتكەن، توپا
چىراي، تويغۇدەك گۆش يەپ باقمىغان ياداق يۈز كىشىلەردەك كۆرۈنەتتى،
ئۇلارنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرىمۇ بىر ـ ئىككىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا،
جۇلجۇل، نەچچە يېرىگە ياماق سالغان ئەسكى ئىشتان، چاپانلارنى كىيىۋالغان،
مىنگەن ئاتلىرىمۇ كوپىراتسىيەدە ساپاندىن سۆرەمگە، بۇقىدىن سايالكىغا سېلىپ
سۆرەپ يۈرۈپ ھالىدىن كەتكەن قوتۇر سۈپەت نامرات ئاتلار ئىدى، مىنىۋالغان
ئاتلىرىغا ھەتتا تۈزۈكرەك ئىگەرمۇ توقۇلمىغان ئىدى، بەزىلىرىدە ئەسكى
پالاس، بەزىلىرىدە، ئەسكى كۆرپىدەك بىر نىمىلەر سېلىنىپ ئىگەرنىڭ ئورنىدا
ئاتلىرىغا مىنىشىپ كېلىشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ زادى مېنى تۇتۇش ئۈچۈن
كەلگەنلىكى ياكى تاماشا كۆرگىلى چىققانلىقى نامەلۇم ئىدى، ئۇلاردا پەقەت
بىر خىل ھەيرانلىق تۇيغۇسى سېزىلىپ تۇراتتى، ئۇلار ماڭا ئۈزۈلمەي قاراپ،
ھاڭ ـ تاڭ بولۇشۇپ قاراپ تۇرىشاتتى، ئۇلارنىڭ بىر نەچچىسىنى تونۇيدىكەنمەن،
ئۇلار پات – پات شەھەرگە كىرىپ تۇرىدىغان، قاراجۈللۈك قىرغىز ۋە ئاز
ساندىكى ئۇيغۇر ئادەملەر ئىكەن، ئۇلارنىڭ باشلىقى ئاقاي دېگەن قىرغىز ئىدى.
مەن ئۇنى بۇرۇندىنلا ياخشى تونۇيتتىم. ئۇلار يەنە ۋارقىراپ ئاتتىن چۈش
دېدى. مەن ئۇلارنىڭ گېپىگە پىسەن قىلماي ئات ئۈستىدە ئاتنى ئۇيان ـ بۇيانغا
ئايلاندۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرسىنى ئىزدەيتتىم. ئەمما ئۇ ئادەم
كۆرۈنمىدى، شۇ ئەسنادا بىرسى تولۇق ئۇيغۇر تەلەپپۇزىدا: «يىگىت ئاتتىن چۈش،
بولغۇلۇق بولدى، سېنى تۇتۇمىز دەپ قاراجۈل خەلقى نەچچە كۈندىن بىرى يا
ئۇخلىيالمىدى، يا بىر قاچا تامىقىنى ئارام خۇدا يېيەلمىدى، ھازىر ھەممە
يەردە سېنى تۇتۇمىز، دېگەن گەپتىن باشقا گەپ يوق. بىز سېنى ئۆلگەنلەرگە
ئوخشاش، قېرى ئادەممىكىن دېسەك سەن بىر ياش يىگىت ئىكەنسەن، ياخشى سەن
بىزگە ئۇچراپ قاپسەن، ئۇلارغا ئۇچراپ قالغان بولساڭ، ئاللىبۇرۇن جەسىتىڭنى
قۇم باساتتى، ياخشىلىقچە ئاتتىن چۈشۈپ قوراللىرىڭنى تاپشۇر» دېدى. مەن ئۇ
ئادەمنىڭ گېپىدىن مەن قاچقاندىن كېيىن، «بۇلارنىڭ بىر باشلىقى قاچتى
ئۇلارنى تۇتۇش كېرەك» دەپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خەلققە بېسىم
قىلغانلىقىنى شۇ سەۋەبتىن بۇ بىچارە يالاڭ تۈش ئادەملەرنىڭ بۇيرۇقنى ئىجرا
قىلىش ئۈچۈن ئەسكى ئاتلىرىنى مىنىپ مەجبۇرى بۇيەرگە كەلگەنلىكىنى چۈشەنگەن
ئىدىم.
―
ئاتتىن چۈشتۈم.
―
ئالدىغا ماڭ، دېدى.
―
ماڭدىم.
―
ئوڭ تەرەپكە ماڭ، دېدى.
―
ماڭدىم.
―
سول تەرەپكە ماڭ، دېدى.
―
ماڭدىم.
―
يات، دېدى.
―
ياتتىم.
―
كىيمىڭنى سال، دېدى.
―
سالدىم.
ئۇلارنىڭ ئۈچ ئادىمى كەلدى، قوراللىرىنى بەتلەپ تۇرۇشتى، قارىسام قولىدىكى
قورالى كونا زاماندىكى ئوۋچىلارنىڭ، ستولىدىن دورا قاچىلاپ، پىلىكىگە ئوت
يىقىپ، ياۋايى ھايۋان ئاتىدىغان ئەسكى قورال ئىكەن، ئەگەر نىيىتىمنى يامان
قىلىپ، ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرۋىتەي دېگەن بولسام، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر توپ گۆش
قىيمىسىغا ئايلىنىپ قالارىكەن، ھېلىمۇ خۇدا ساقلاپتۇ!
ئۇلار مېنى باغلىدى، يەنە بىر قىرغىزنىڭ ئېتىنىڭ كەينىگە مىنگەشتۈرۈپ ئاتقا
مىندۈردى، مېنى ئۇنىڭ بىلىگە قوشۇپ باغلىدى، ئىككى پۇتۇمنى ئاتنىڭ
قورسقىدىن چېتىپ باغلاپ يىقىلماس ھالغا كەلتۈردى، ئۇلار مېنى نەلەرگىدۇر
خوجايىنلىرىنىڭ ئالدىغا مۇكاپاتقا ئېلىپ ماڭغانلىقىدا شەك يوق ئىدى.
ماڭا
ئەسلىدە ئاقسۇ ئۈچتۇرپان تەرەپكە كېتىشكە مەسلىھەت بەرگەن ئىدى. چۈنكى مەن
تۇرغان يەر قاراجۈلدىن ئاقسۇ تەرەپكە قاراپ تاغ يولى بىلەن ماڭغاندا، چۆل –
جەزىرىلەرنى بېسىپ ئۈچتۇرپانغا يېتىۋالغىلى بولاتتى، يول گەرچە جاپالىق
بولسىمۇ، بىخەتەر ئىدى. ياز پەسلى بولغاچقا ئات ئاچ قالمايتتى، مەنمۇ تاغدا
ئۇچرىغان يېگىلى بولىدىغان جانۋاردىن بىر نەچچىنى سوقۇۋالسام، جان ساقلاپ
مەنزىلگە يېتىشىۋىلىش مۈمكىنچىلىكى بار ئىدى. ئۈچتۇرپان ئارقىلىق ئۇلارنىڭ
ياردىمى بىلەن ئۇ تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىش تامامەن مۈمكىن ئىدى، لېكىن مەن ئۇ
يولنى رەت قىلغان ئىدىم، بىلمىگەن يولدا ماڭغاندىن كۆرە بىلىدىغان يولدا
ماڭسام، بىخەتەر مەنزىلگە بېرىۋالالايمەن، دەپ پەرەز قىلغان ئىكەنمەن.
نېمىلا دېگەن بىلەن مەن ئەزەلدىن گېپىمدىن يانمايدىغان جاھىل ئىنسان ئىدىم،
ئاخىرى مۇشۇ پىشكەللىككە ئۇچرىدىم، دەپ خىيال سۈرۈپ ئات ئۈستىدە
كېتىۋاتاتىم. ئاتلار توختىدى، قاراجۈل گۇڭشىسىغا كەلگەن ئىكەنمەن. ئۇلار
مېنىڭ پۇتۇمنى بوشاتتى، ئۇلارنىڭ ئاتتىن چۈش دېگەن بۇيرۇقىغا قاراپ تۇرماي
قولۇم باغلاغلىق ئاتتىن سەكرەپ يەرگە چۈشتۈم. بىر توپ ئۇششاق بالىلار ۋە
كۆرگىلى كەلگەن تاماشاچىلار ماڭا ھەرخىل باھالارنى بېرىشكىلى تۇردى.
ئۇلارنىڭ گەپلىرى قۇلۇقۇمغا كىرىپ تۇراتتى. گۇڭشىنىڭ ئىچىدىن بىر توپ
ئەسكەرلەر يۈگرەپ چىقىپ ماڭا ياۋوز، يىرتقۇچ ھايۋانلەردەك ئېتىلىپ،
دۇمبالىغىلى تۇردى. ئۇلارنىڭ باشلىقى چىقىپ مېنىڭ باش ئۈستۈمگە بىر
قارىۋىتىپ قالايمىقان سوئاللارنى سورىغىلى تۇردى، گېپىگە جاۋاب بەردىم.
ئۇلار مېنى ئېلىپ كەلگەن بىچارە غالچىلارنى ھەيدىۋىتىپ مېنى ئىچكىرىگە
ئېلىپ كىرىپ كەتتى. ئالدىن تەييارلانغان كىشەن بىلەن كويزىنى سېلىپ، ئۇنىڭ
ئۈستىدىن يەنە بىر قات ئارغامچا بىلان باغلاپ، رەسمى سوراقنى باشلىدى، تۆت
خىتاي ئەسكىرى ئەتراپىمدا مېنى يالاپ تۇراتتى، نېمە ئۈچۈندۇر، ئۇيەر
بۇيەردە قىيا – چىيا يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئۇلار بەك ۋەھشى ئىدى،
سورىغان سوئاللىرىغا تېز جاۋاپ بەرمىسەم، پۇتى بىلەن تېپىپ، قۇلى بىلەن
ئۇرۇپ، يۈز ـ كۆزلىرىمدىن ئوت چىقىرىۋىتەتتى. ئۇرغان تايىقىنىڭ سانىنى
دېيىشكىمۇ نومۇس قىلىمەن. ئۇلارنىڭ سورىغان سوئاللىرى، ئىسمىڭ نېمە؟ نېمە
ئىش قىلاتتىڭ؟ دېگەندەك مېنىڭ تەرجىمىھالىمغا ئائىت سوئاللار ئىدى،
ھەممىسىگە جاۋاپ بەرگەندىن كېيىن، مېنى سولاپ قويدى، ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ
ئورامىدىن قارىغاندا مېنىڭ كىملىكىمنى ئېنىقلاش ئۇلار ئۈچۈن بەكلا مۇھىم
ئىدى. مەن يا ئۇياققا يا بۇياققا ئۆرىلەلمەيتتىم، پۇت ـ قوللىرىم ناھايىتى
ئېغىر ئىدى، ئۇخلاش مۈمكىنچىلىكى يوق ئىدى، سائەتنىڭ نەچچە بولغانلىقىنى
بىلمەيمەن، بىرسى يەنە بىرسى بىلەن پىچىر – پىچىر گەپ قىلىپ، ئۈسۈپ كىرگەن
پېتى قولىدىكى يېرىم ئاپتۇمات مىلتىقنىڭ سىدوسى بىلەن ماڭا ھۇجۇم قىلىپ
بېشىمغا سانجىغىلى تۇردى، مەن چەپدەسلىك بىلەن بېشىمنى ئەپقاچتىم ـ دە،
ئۇرۇلغان سىدونىڭ ئۇچى بېشىمنىڭ ئوڭ تەرىپى، قاپىقىمنىڭ ئۈستىگە كېلىپ
ئۇرۇلدى، قان شاقىراپ ئاققىلى تۇردى، مەن ئادەم ئۆلدى! ئادەم ئۆلدى! دەپ
جېنىمنىڭ بىرىچە ۋارقىردىم. سىرتتىن بىر نەچچە ئەسكەر قول چىراقلىرىنى
كۆتۈرگەن پېتى يۈگرەپ كېلىشتى، ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى يېتىپ
كېلىشتى، ئۇلار ئىشنىڭ تىگى ـ تەكتىنى بىلىپ مەندىن سوئال سورىدى، مەن
جاۋاپ بەرمىدىم، چۈنكى بېشىمدىن ئاققان قان يالاپ ئاغزىمغا كىرىۋاتاتتى،
ئوڭ كۆزۈمنى زادىلا ئاچالمايتتىم. قان بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇلار
دوختۇر چاقىرىپ بېشىمنى تاڭدى، ھېلىقى مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان خىتايغا
قانداقتۇر باشلىقى ئاچچىقلىنىپ، سەن ئۇنى ئۆلتۈرسەڭ، ھەربىي سوت سېنى بوش
قويىۋەتمەيدۇ، سېنىڭ قېرىندىشىڭ ئۆلگەن بولسا، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىپ ئۇنى
ئۆلتۈرۈشۈڭ توغرا ئەمەس، بىلىپ قوي ئۇنىڭ بىزگە تېرىكى كېرەك! ....
دېگەندەك بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلىپ ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى، شۇندىن كېيىن
مېنىڭ يېنىمغا تۆت پوس قويۇپ ئەتىۋارلاپ ساقلىدى. ئەتىسى ئۇلار مېنى يەنە
سوراق قىلغىلى باشلىدى، مەن سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بەرمەي، يالغاندىن
ئۆلگەن قىياپەتتە يېتىۋالدىم، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممە گېپىنى تولۇق ئاڭلاپ
ياتاتتىم. ھەتتا بەزىلىرى مېنى بىلمەيدۇ دەپ، مەخپى گەپلىرىنىمۇ دېيىشكىلى
تۇرغان ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ گېپىدىن خەيرۇللاھ بىلەن ئوسمانجاننىڭ باتۇرلۇق
بىلەن خىتايلارنىڭ ئەسكىرىنى ئۆزى بىلەن قوشۇپ پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى،
بىز تەرەپتىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ پەقەت بەش كىشى ئىكەنلىكىنى، مىجىتنىڭ
ساق قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى، ئۇنى تېز داۋالاپ قۇتۇلدۇرۇپ،
ئۇنىڭدىن گەپ ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى، بىزنىڭ 25 ئەسكىرىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ
بىر پولك ئەسكىرى ئالتە سائەتتەك ئۇرۇشۇپ كۆپ چىقىم تارتىپ ئوسال
بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەسكىرىنىڭ ياش، يېڭىدىن ئالغان ئەسكەر بولغاچقا،
جىق ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ، مېنى كۆرسىتىپ بۇ ئۇلارنىڭ باشلىقى
ئىكەن....... دېگەندەك سوقا سۆھبەتلىرىدىن كۆپ مەخپىيەتلىكنى بىلىۋالغان
ئىدىم.
قىرغىزلارنىڭ مېنى يات! قوپ! تۇر! ماڭ! دەپ قالايمىقان ھەرىكەتلەرنى
قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى شۇ چاغدا بىلىپ يەتتىم. مېنىمۇ خەيرۇللاھقا ئوخشاش
يالغاندىن تەسلىم بولۇپ، يېقىن كەلگەندە ئۆزى بىلەن قېتىپ پارتلىتىپ بىزنى
ئۆلتۈرمىسۇن دەپ مېنىڭ يېنىمغا يېقىن كېلەلمىگەن ئىكەن.
26 –
كۈنى ختايلار چۈشلۈك تامىقىنى يەپ بولغاندىن كېيىن، مەن يەنە ئۇلارنىڭ
يادىغا يەتتىم، ئۇلار يەنە كىرىپ مەندىن سوراق سورىغىلى باشلىدى. يەنە كونا
گەپلەر ئىدى، ئۇلار تېخىچە مېنىڭ سالاھىيىتىمنى ئېنىقلىماقتا ئىدى، مەن
ئۆلگەن قىياپەتتە زۇۋان سۈرمەي يېتىۋەردىم. ئۇلار مېنى پۇتى بىلەن
مىدىرلىتىپ بېقىپ، گەپ ئالالماي دوختۇر چاقىردى، دوختۇر قان بېسىمىمنى،
يۈرىكىمنىڭ رىتىمىنى، تېمپىراتۇرامنى تەكشۈرگەندىن كېيىن بۇنىڭدىن قان جىق
چىقىپ كېتىپتۇ، ماغدۇرىدىن كېتىپتۇ، قاتتىق چارچىغان، بۇنى دەرھال
قۇتۇلدۇرمىساق ئىككى كۈن ئىچىدە ئۆلۈپ قېلىش ئىھتىمالى بار دېدى، مەن تېخى
ھايات ئىدىم، روھى كەيپىياتىم يۇقىرى ئىدى، ئەمما بېشىم بارغانسىرى يەرگە
كىرىپ كېتىۋاتاتتى. قاتتىق ئاغرىيتتى، ئۇلار مېنىڭ تۇتۇلغان ۋاقتىمدىن
ھېسابلاپ ھازىرغىچە تاماق بەرمىگەنلىكىنى بىلىپ، تاماق بېرىشنى بۇيرۇدى،
بىر قىرغىز ئايال بىر ئارپا نىنى بىلەن بىر قاچا سۇ ئېلىپ كەلگەن ئىدى،
سۇنى ئوتتەك ئىچكۈم بار ئىدى، ئەمما ئۆلۈك ئىدىم. ئۆلۈك دېگەن بىر نەرسە
يېمەيدۇ ـ دە! يېيىشنى رەت قىلدىم. ئۇ قىرغىز ئايال رەھىمدىل مۇسۇلمان
ئىكەن، ئۇنىڭ سۈرە ئايەت ئوقۇپ جانابى ئاللاھتىن ماڭا ھاياتلىق
تىلەۋاتاتتى، مەن ئۇئايالنىڭ رەڭگى – رۇخسارىنى بىر كۆرىۋىلىش نىيىتىدە
كۆزۈمنى ئاچتىم، ئەمما يەنىلا قان يۇقى بولغانلىقى ئۈچۈن كۆرەلمىدىم، لېكىن
ئازراق مىدىرلاپ قويدۇم، ئۇ قىرغىز ئايال بۇ ھاياتقۇ! دەپ توۋلاپ كەتتى،
بەكمۇ خۇشال بولغان ئىدى. مېنىڭ ئارپا نىنىنى يېمىگەنلىكىمنى كۆرگەندىن
كېيىن دوختۇرنى يەنە چاقىردى، دوختۇر ناننى قولىغا ئېلىپ، بۇنى ئۇنىڭغا
بەرسەڭلا ھازىرلا ئۈچىيى تىشىلىپ ئۆلىدۇ، دېدى. ئۇنداق بولسا نېمە قىلىمىز
دەپ سوراپتى، ئاق ئۇندا ئاتىلا ئېتىپ كېلىڭلا، ئۇنى شىلەنكا بىلەن بۇرنىدىن
قۇيۇپ ئاشقازىنىغا ماڭدۇرىمىز، ئۇندىن كېيىن ئوكۇل تەييار بولسا ئوكۇل
ئۇرىمەن، دەپ چىقىپ كەتتى. ئاتىلا كەلدى. ئۇلار دوختۇرنىڭ ياردىمى بىلەن
ماڭا ئاتلىنى بۇرنۇمدىن شىلانكا ئارقىلىق ئاشقازىنىمغا ماڭدۇردى، راس
دېگەندەك بىر پەستىلا بېشىمنىڭ ئاغرىقى پەسىيىشكە باشلىدى، ئۇنىڭ كەينىدىن
ئاسما ئاستى، ئاسمىمۇ تۈگىدى، مەن راستىنلا ساقىيىپ قالغاندەك ھېس قىلغان
ئىدىم، خىتايلارنىڭ مېنى داۋالاپ ساقايتىۋىلىشى، ئۆلۈم مەيدانىغا ساق ئېلىپ
چېقىپ، خەلقى - ئالەم ئالدىدا ئۆلتۈرۈپ، بىر رەسمىيەتنى بىجىرىپ،
باشقىلارغا قۇرۇق ھەيۋە قىلىپ ئادەم قورقۇتۇشتىنلا ئىبارەت ئىدى. يەنە بىر
تەرەپتىن مېنىڭدىن گەپ ئېلىپ مېنىڭ شېرىكلىرىمنى مەن ئارقىلىق كۆپلەپ قولغا
چۈشۈرمەك ئىدى. ئۇلارنىڭ مېنى داۋالىشى پەقەت يامان غەرەزدىنلا ئىبارەت
ئىدى، ھېچ ۋاقىت ئىنسانپەرۋەرلىك ياكى كىشىلىك ھوقۇق نوقتىئىينەزىرىدىن
ئەمەس ئىدى. ئۇلار نېمىلا دېگەن بىلەن چوتنى خاتا سوقماقتا ئىدى.
بېشىمنىڭ ئاغرىقى سەل قويۇپ بېرىپ بۇرۇنقىدىن خېلىلا ياخشى بولۇپ قالغان
ئىدى، ئەمما ھارغىنلىق مېنى بەكمۇ ئازاپلاۋاتاتتى، ھېلىمۇ پۇت ـ قولۇم
تۆمۈر كىشەنلەر بىلەن چېتىلغان ئىدى. ئۇخلاش مۈمكىن ئەمەس ئىدى، ئۇيانغا ـ
بۇيانغا ئۆرۈلسەم نەچچە كىلو ئېغىرلىقتىكى كىشەن مېنى تولىمۇ بىسەرەمجان
قىلاتتى. 26 - كۈنىمۇ يەنە ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار مەندىن سوراق سوراپ ھېچ
نېمگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى، سائەت 10 بولغان ۋاقىت ئىدى، مېنى قەيەرلەرگىدۇ
ئېلىپ ماڭماقچى بولدى، ناتونۇش بىر توپ قوراللىق ساقچى بىلەن ئەسكەرلەر
پەيدا بولدى، ئۇلار مېنى ماشىنىغا باسماقچى بولدى، مەن جايىمدىن مىدىرلىماي
ياتتىم، ئۇلار بىر نېمىلەرنى دەپ، پۇتۇمدىكى كىشەننى چېقىپ قولۇمدىكى
كويزىغا چېقىلماي باغلاقنى يېشىۋەتتى. مەن ھېلىقى قىرغىز ئايال بىلەن
ماڭىدىغان چاغدا كۆزۈمنى ئېچىپ ئۇنىڭغا رەھمەت ساڭا ئاپا! دېدىم، چۈنكى ئۇ
ئايال ماڭا ئەتىگەن بىر قاچا تاماق ئېلىپ كېلىپ يېگۈزۈپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن
ئىدى، ئەمما مەندىن گەپ سوراپ جاۋاپ ئالالمىغان ئىدى، مېنىڭ كىملىكىمنى
زادى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ بىر بىلگۈسى بار ئىدى. مېنىڭ رەھمەت ئاپا دېگەن
سۆزۈمنى ئاڭلىغان قىرغىز ئاپا، ھاڭ ـ تاڭ قالدى، ئۇ مېنى بۇ بالا ئۆلمگەن
ئىكەن دەپ قالدى بولغاي، ئۇ بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋىدالىشىشىمىز بولغان بولسا
كېرەك. ئەمما مەن ئېھتىيات يۈزىسىدىن ئۇنىڭدىن سىر تۇتقان ئىدىم.
ئۇلارنىڭ كۆتە – كۆتە قىلىشى بىلەن ماشىنىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ نازارىتىدە
ئاتۇش تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.
مېنى
ئاتۇش شۆبە ھەربىي رايوننىڭ تۈرمىسىگە ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. تۈرمىگە كىرىشىم
بىلەن مېنىڭ كىملىكىمنى يەنە تەكرار سوراپ، بىر كامىرغا سولاپ قويدى،
كامىردا باش كۆزى تىڭىقلىق بىر توپ مەجرۇھلار بار ئىدى. ئۇلارنىڭ
ھېچقايسىسىنى تونۇمىدىم. كىملەر ئىكەنلىكى نامەلۇم ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى
ساق ئەمەس ئىدى، بىر پەستىن كېيىن بىرسىنىڭ تونۇش ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ يار
مۇھەممەدكام ئىدى، ۋاي سەن يار مۇھەممەدمۇ دېيىشىمگە، سەن ئابدۇرىشىتمۇ!
دەپ ئۇلار مېنىڭ ئەسلى ئىسمىمنى ئاتاپ قۇچاقلاپ، يىغا زارە قىلىشىپ كەتتى،
بىز تەشكىلاتتىكىلەر ئەزەلدىن ئۆز ئىسمىمىزنى قوللانماي تەخەللۇس
قوللىناتتۇق. سەن ھەرھالدا ھايات ئىكەنسەن، بىز سېنى يا ئۆلدى، يا ئۇ
تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى دەپ پەرەز قىلغان ئىدۇق، دېيىشتى. مەن ئارتۇق گەپ
قىلماي، مەن كەتكەندىن كېيىنكى ئۇرۇش ئەھۋالىنى كىملەرنىڭ قانداق
ئۆلگەنلىكىنى سورىسام پەقەت خەيرۇللاھ بىلەن ئوسمانجاننىڭ ئۆلىمىنى،
مەريەمنىڭ ئاخىرقى قېتىم خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قولى چانىلىپ
يۇلغۇنلۇققا تاشلانغانلىقىنى، خىتايلارنىڭ ئۆلىكىنى توشۇشقا سالغاندا،
خىتايلارنىڭ پۇتىدىن سۆرەپ ماڭغانلىقىنى، كېيىن خىتايلارنىڭ ئۆلىكىنى
قۇلۇقىدىن، چېچىدىن تارتىپ سۆرەپ ماڭغاندا، خىتايلارنىڭ ئاچچىقى كېلىپ
ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ توشىغانلىقىنى ھېكايە قىلپ كۈلۈپ كېتىشتى، ئۇلار
ئۆزلىرىنى تۈرمىدە ئەمەس، بىر كىنوخانىدا كىنو كۆرىۋاتقاندەك ھېس
قىلىشاتتى.
ئەتىسى سوراقتىن كېيىن مېنى باشقا بىر كامىرغا سولاپ قويدى، ئۇ كامىردىمۇ
تونۇغىلى بولمايدىغان بىر توپ كىشىلەر بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئاۋازىدىن بىزنىڭ
ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇ كامىردا جېلىل قارىم بار ئىكەن، مەن
قارىمدىن ئۆلگەنلەرنىڭ قانداق دەپنە قىلىنغانلىقىنى سورىسام، مەريەمنى
ئۆلگەن يېرىگىلا كۆمۈپ قويۇپتۇ، خەيرۇللاھ بىلەن ئوسمانجاننى بىللە دەپنە
قىپتۇ، ئاخۇنوپنى ياتقان يېرىنىڭ ئۆزىگىلا دەپنە قىپتۇ، نىزامىدىننى ئېگىز
بىر يەرگە ئاپىرىپ شۇ يەرگە دەپنە قىپتۇ، بەزىلەر بىلمەستىن نامىزىنى
چۈشۈرىمىز دېگەن ئىكەن، جېلىل قارىم بۇلارنى شۇ پېتى قويماق پەرزدۇر،
پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ھەدىسى بار دەپ ئۇنىماپتۇ، ھەممىسىنىڭ قان
كىيىمىنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ جەسىتىگە ئوراپ بىللە كۆمۈۋىتىپتۇ.
خىتايلارمۇ شۇ پېتى يەرلىكىگە قويغاننى كۆرگەندىن كېيىن باشقا گەپ ـ سۆز
قىلماپتۇ.
ئاتۇش ھەربىي رايوننىڭ تۈرمىسىدە لىق ئادەم بار ئىكەن. مېنى سوراققا ئېلىپ
چىقىپ قايتىشىدا، چوڭ زالدا مېنى تۇرغۇزۇپ قويۇپ رەسىمىمنى تارتقىلى تۇرغان
ئىدى، بىر دەمدىن كېيىن بىر توپ ئادەملەرنى ئېلىپ كېلىپ ئۇلارنى سوراق
قىلىپ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، ئاختۇرغىلى تۇردى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە
ھەربىيچە كىيىم بار ئىكەن، شۇ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ تارتىپ ئالماقچى ئىكەن،
ئۇلارنىڭ كىيىمىنى بەرمەيمىز دەپ ئەسكەرلەر بىلەن ئۇيان تارتىشىپ بۇيان
تارتىشىپ جېدەللەشكەنلىكىنى كۆردۈم، ئۇلار مەكىتتىن كەلگەن زەرەپشان
پولكىنىڭ ئەزىمەتلىرى ئىكەن، مۇھەممەد ئىمىن قادىرمۇ بار ئىكەن، ئۇ مەن
بىلەن يىراقتىن چالا ـ پالا سالاملاشتى، كېيىن مېنى رەسمى تونۇغاندىن كېيىن
قايتىدىن سالام بېرىپ، سېلىنىڭ باشلىرىدىكى «سەللە» دىن تونۇيالماي
قاپتىمەن، سىلىگىمۇ ئوق تىگىپتىكەندە! دەپ قويدى. ياق ئۇلار چىدىماي ئۇردى،
دېسەم ئۇ خىتاي ئەسكەرلىرىنى كۆرسىتىپ بىر مۇنچە تىللاپ كەتتى. زەرەپشان
پولكىدىكىلەر ئۆزلىرىنى تۈرمىدىمۇ ياكى باشقا بىر يەردىمۇ پىسەن قىلماي
ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەپ خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن مۇنازىرە قىلىشىۋاتاتتى.
28 -
ئاۋغۇست ئەتىگەن سائەت تۆت ـ بەشلەردە ھەممىمىزنى كامىر – كامىردىن ئېلىپ
چىقىپ، باغلاپ ماشىنىغا بېسىپ، ھەر تۆت ئادەمنى بىر چەمبەر قىلىپ
ئايلاندۇرۇپ يەنە باغلاپ، ئۈستىمىزگە ئەسكى پالاسنى تاشلاپ يېپىپ، قەشقەر
تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى، ماشىنىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. پات – پات
ماشىنىنىى توختىتىپ، تەكشۈرۈپ بۇ ماشىنا ۋىلايەتلىك تۈرمىگە، بۇ ماشىنا
شەھەرلىك تۈرمىگە، بۇ ماشىنا توققۇزاققا دەپ كىمدۇر بىرسى بۇيرۇق بەرگىلى
تۇردى، مەن بار ماشىنا شەھەرلىك تۈرمىگە قاراپ ماڭغان ئىدى، دېگەندەك
شەھەرلىك تۈرمىگە ئەپكېلىپ كامىر – كامىرغا بىردىن سولىغىلى تۇردى، مەن بار
كامىردا ئىبراھىم پەخرىدىن دېگەن بىر جىنايەتچى بارئىكەن. تۈرمىگە كېلىپ
تاڭ ئېتىشى بىلەن بىردىن - بىردىن ھويلىغا سۆرەپ ئەپچىقىپ ھەممىمىزنىڭ
پۇتىغا كىشەن سالغىلى تۇردى. تۈرمىنىڭ ھويلىسى تۆمۈرچىخانىغا ئايلىنىپ
كەتتى. خالاغا ئېلىپ چىقسىمۇ، جالدۇر - جۇلدۇرنىڭ ئۈستىگە تۇرۇپ بولمايتتى.
مەن بار تۈرمىدە 20 دەك بىزنىڭ شېرىكلەر بار ئىدى، ئۇلار بىلەن تامنى
تېلېفۇن قىلىپ، كۈنلىكى سۆزلىشىپ تۇرىدىغان بولدۇق. ياكى خالاغا خەت تاشلاپ
قويۇپ سوراق ئەھۋالىنى بىر ـ بىرىمىزگە دەيدىغان بولدۇق، ھەممىمىزنىڭ گېپى
بىر ئىدى. بىزنى ئاتۇشقا ئەنجۈر سەيلىسىگە چاقىرغان ئىدى، بىز ئاتۇش
سەيلىسىگە ماڭغان دەپ ھېچ نېمىنى ئىقرار قىلمىغان ئىدۇق، ھەممە ئىشنى
ئۆلگەن كىشىلەرگە ئارتىپ قويۇپ ھېچ نەرسىنى بىلمىگەن بولۇۋىلىپ ياتقان
ئىدۇق.....
10
- ئايغىچە شەھەرلىك تۈرمىدە ياتتۇق. ئۇ جەرياندا ھەزىموپ دېگەن كىشى
خىتايلار تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا قىيناپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى. ھەزىموپ
مەرھۇم ئاخۇنوپنىڭ مىللىي ئارمىيىدىكى قەدىناس سەپداشلىرىدىن ئىدى، ئاخۇنوپ
ئۆيىدىكى تۇتقۇندىن قېچىپ چىققاندا ھەزىموپنىڭ ئىدارىسىغا يوشۇرۇنغان،
كېيىن ئۇيەردىن غازاخۇننىڭ ئۆيىگە يۆتكەلگەن ئىدى. ھەزىموپنىڭ تارىخدىكى
قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ھەددى ـ ھېسابسىز ئادەملەردىن بىرسى ئىدى، خۇدا
خالىسا ئۇ كىشىنىڭ تارىخىنىمۇ بىر يازمىقىم لازىم. ئىنشائاللاھ!
مەكىتلىك ئىمىن توختى دېگەن بىرسىمۇ بۇ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلدى، ئۇ مەكىتتىكى
داڭدار ۋاسكىتبولچى، مەكىتتىكى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى،
بىزنىڭ تەشكىلاتنىڭ مەكىتتىكى غوللۇق كىشىلىرىدىن ئىدى. شۇ مەزگىللەردە
پۈتۈن تۈرمىلەر بىڭتۇەننىڭ باشقۇرۇلۇشىغا ئۆتگۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ
جاللاتلاردا رەھىم ـ شەپقەت دېگەن نەرسە زادى يوق ئىدى. تۈرمىنىڭ
گۇندىپايلىرى مەھبۇسلارنى خالىغانچە قىيناپ جازالايتتى. ئاچلىقتىن،
ئۇسسۇزلۇقتىن قىيناپ ئىلاجى بار ئۆلتۈرۋېتىشنىڭ كويىدا بولاتتى. سەپدىشىمىز
ئىمىن توختىنى دەل مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن قىيناپ ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ ئۆلگەن
ۋاقتىدىكى ھالىتى ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. ئۈچ كۈنگىچە كېچە ـ
كۈندۈز ئۇنى 6 - 7 جىنايەتچى خىتايلار ئۇرۇپ چىقتى. ئۇنىڭ كامىرى مەن
ياتقان كامىردىن خېلى يىراق ئىدى، ئۇنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەنكىنىنى
بىلىپ تۇردۇم. ئاڭلىسام تۈرمە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلمىدىڭ دەپ، خىتايلارغا
ئۇردۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن ئىكەن. ئۆلىكىنى ئەرسلانخان مازىرىغا قويغان ئىكەن.
كېيىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۇنى يەرلىكىدىن ئېچىپ قايتىدىن دەپنە قىلغان
ئىكەن. ئۇ قەددى قامىتى كېلىشكەن، خۇشچاقچاق يىگىت ئىدى. ئۇ ئالەمدىن
ئۆتكەندە ئاران 25 ياش ئىدى، تېخى ئۆيلەنمىگەن ئىدى. مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى
جەننەتتە بولسۇن، ئامىن!
«ئۆگىنىش كۇرسىدا»
10 -
ئاينىڭ باشلىرىدا ھەممىمىزنى ھەر قايسى تۈرمىلەردىن پۇت قوللىرىمىزدىكى
كىشەن، كويزىلارنى ئېلىپ تاشلاپ، ساقال ـ بۇرۇتلىرىمىزنى ئالدۇرۇپ،
ماشىنىغا بېسىپ ئۆگىنىش كۇرسىغا ئېلىپ ماڭدى. ئۆگىنىش كۇرسىنىڭ ئورنى
قەشقەر گېزىتخانىسىنىڭ يېنىدىكى 308 ـ تاش يول ئۇچاستىكىسىنىڭ قورۇسىدا
ئىكەن. بىزنى 8 – 10 دىن بىر ئۆيگە سولاپ، ھەر بىرىمىزگە ماۋجۇشىنىڭ
ئەسەرلىرىنى تارقىتىپ بېرىپ ئۆگىنىشكە سالغان ئىدى. ھەر بىر ياتاقنىڭ
تېمىغا ئۆگىنىش كۇرسىنىڭ نىزامنامىسى يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق
يېزىلغان ئىدى:
«سوۋېت شىيۇجىڭجۇيى خائىنلار گورۇھى بىۋاستە پىلانلىغان، قەشقەر
ۋىلايىتىدىكى ئاخۇنوپ باشچىلىقىدىكى ئەكسىئىنقىلابىي قوراللىق توپىلاڭ
گورۇھى ئەزالىرى ئۆگىنىش كۇرسىنىڭ نىزامنامىسى.»
ئۇنىڭ ئاستىدا بىر قانچە مەزمۇنلار بولۇپ، مەسىلە تاپشۇرۇش، ئىقرار قىلىش،
كەڭچىلىككە ئېرىشىش، باش جىنايەتچىنى جازالاش، ئەگەشگۈچىلەرنى سۈرۈشتە
قىلماسلىق، نەيزىنى ئارقىغا قايرىپ ئۇرغانلارغا خىزمەت كۆرسەتكەنلەر
قاتارىدا چىقىش يولى بېرىلىدۇ... دېگەندەك ئادەم ئالدايدىغان سەپسەتىلەر
يېزىلغان ئىدى.
بۇ
ئۆگىنىش كۇرسىغا تەرەپ - تەرەپتىن ئادەملەرنى ئېلىپ كېلىپ، كىچىككىنە
قورۇنىڭ ئىچى ئادەمگە توشۇپ كەتكەن ئىدى، قاراجۈلدىن ئەسىرگە چۈشكەن بىز 20
ئادەمدىن باشقا، مەكىتتىن كەلگەن 45 نەپەر ئادەم، يەنە نەلەردىندۇر كەلگەن
بىر توپ ئادەملەر بار ئىدى، بارا – بارا تونۇشۇش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ
ھەممىسى 21 - ئاۋغۇست كۈنى كەچتە سۇغۇنچازىغا بۇيرۇق بويىچە كېلىپ،
قوراللىق قوزغىلاڭغا قاتناشماقچى بولغان، باشقا ناھىيىلەردىن كەلگەن شەرقىي
تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ئىكەن.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يوپۇرغا ناھىيىسىدىن كەلگەن بىر توپ ئەزىمەتلەت بار
ئىدى. ئۇلارنىڭ يۈرۈش ـ تۇرۇشى، گەپ – سۆزلىرى باشقىچە ئىدى. مەن ئۇلار
بىلەن سۆزلىشىپ باققىنىمدا ئۇلارمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي
پارتىيسىنىڭ ئادەملىرى بولۇپ، يوپۇرغىدىكى مەلۇم ياچىيكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى
بىلەن، كۆلىمى چوڭ بولغان بىر قېتىملىق قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئىكەن،
قوزغىلاڭ خىتاي دائىرىلىرىنى خېلى ئاقسىتىپ قويۇپ، يەرلىك قوشۇن بىلەن
ئۇلارنى بېسىقتۇرالماي، مۇنتىزم ئارمىيە يۆتكەپ قانلىق باستۇرۇش نەتىجىسىدە
دۈشمەن قولىغا چۈشكەن ئىكەن، ئۇلارنىڭ باشلىقلىرىنى قاياققىدۇر باشقا
تۈرمىگە قاماپ، ئادەتتىكى پۇقرالىرىنى بىزنىڭ قاتارىمىزغا سولاپ قويغان
ئىكەن. ئۇلار شۇ قېتىملىق قوزغىلاڭدا يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ يېرىمىنى
ئىگەللەپ بولغان ئىكەن. ئۇلار قامىلىپ ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارنى
بىزدىن ئايرىپ باشقا تەرەپكە ئېلىپ كەتكەن ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە
خىتايلارنىڭ شۇ ھەقتىكى ئاخباراتى ئېلان قىلىنغان بىر گېزىتى قولۇمغا
چۈشكەن ئىدى. گېزىتتە مۇنداق خەۋەر قىلىنغان ئىدى:
1969 - يىلى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى مەخمۇت قۇربان
باشچىلىقىدىكى بىر توپ بۇزغۇنچىلار، 500 دىن ئارتۇق ئادەمنى قۇترىتىپ، ئات
ھارۋىلارغا ئولتۇرۇپ، يوپۇرغا ناھىيىسىگە ھۇجۇم قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن
ناھىيىمىزنىڭ تېرىم يېزىسى، ئاقچى يېزىسى، ئەشمە يېزىسى قاتارلىق جايلارغا
غالجىرلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇش – چېقىش، بۇلاش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى.
بۇ ئىش ئىككى ئايدىن ئۇزاق داۋاملىشىپ 76 ئادەم ئۇرۇپ يارىدار قىلىندى ۋە
بەش ئادەم ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ئەكسىلئىقىلابىي ۋەتەن پارچىلاش جىنايى
ئىشلىرىغا دەرھال زەربە بېرىش ئېھتىياجى تۈپەيلى، مەركىزى پارتىيە
ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىپ، تولۇق قوراللانغان مۇنتىزم ئارمىيە يۆتكەپ كېلىپ، 9
- ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 18 -كۈنىگىچە جىددى تۇتۇش قىلىپ قوراللىق توپىلاڭ
بېسىقتۇرۇلدى.
گەرچە دۈشمەن بىزنىڭ پۇت ـ قوللىرىمىزدىكى كويزا كىشەنلەرنى ئېلىپ تاشلاپ
ئۆگىنىش كۇرسىغا ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئىسمىدا «ئۆگىنىش كۇرسى» بولغان
بىلەن ئەمەلىيەتتە ئىقرار قىلدۇرۇش كۇرسى ئىدى. ئۇرۇش، توقماق، تىل -
ھاقارەت، قىيىن - قىستاق قاتارلىق ئادەمنىڭ چۈشىگە كىرمەيدىغان جازا
ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇيەردە تېپىلاتتى. يېيىشىمىز ئىككى ۋاخ قوناق ئۇنىدا
ئەتكەن ئۇماچ ئىدى، ئۇ ئايدىن بۇئايغىچە بىر قېتىم ئاق ئۇننىڭ تامىقىنى
كۆرمەيتتۇق. ئۇ ئايدىن بۇ ئايغىچە بىر قاچا چاي ياكى بىر قاچا قايناق سۇنى
ئىچەلمەيتتۇق. ئۆيلىرىمىزدىن ھېچ نەرسىنى ئېلىپ بەرمەيتتى، بەنگىلىرىمىزنىڭ
خۇمارى قىستاپ كەتسە تاشلىۋەتكەن بابازىنى تىرىپ كېلىپ چىكەتتى، ئۇنى
تۇتاشتۇرىدىغانغا ئوت يوق، مازنى ئىنچىكە پىلىك قىلىپ ئىككى قىشنىڭ
ئوتتۇرسىغا ئېلىپ، غىلدىرلىتىپ قىزدۇرۇپ ئوت چىقىرىپ تاماكا چىكەتتى.
ئۆينىڭ ئىچىدە غىلدىرلىغان ئاۋازنى ئاڭلىغان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ
زوراۋانلىقىدىن قورقۇپ بىر قېتىم ئوت چىقىرىۋالساق ئۇ ئوتنى ئۇزۇن
ساقلايمىز دەپ، مازنى پىلىك قىلىپ ئىشىپ ئۇزۇن قۇ ياساپ ئۇنىڭ بىر ئۇچىغا
ئوتنى يىقىپ، ئۇ كۆيۈپ بولغۇچە يەنە بىرتال تاماكىنى چىكىۋىلىشقا
ئۈلگۈرەتتى، ئۆينىڭ ئىچى ئاچچىق مازنىڭ تۈتۈنىدىن ئولتۇرۇش تەس ئىدى. ئەمما
بەنگە ئاغىنىلىرىمىزنىڭ خۇمارى ئۈچۈن ئۇنىڭغىمۇ بەرداشلىق بېرەتتۇق.
ئىقرار قىلدۇرۇپ گەپ ئالالمىغان خىتايلار، بىر ـ بىرىمىزنى زىددىيەتكە
سېلىپ، ئارىغا بۇزغۇنچىلىق سېلىش ھىلىسىنى ئىشلىتىپ، ئارىمىزدىن ئىككى ـ
ئۈچ كىشىنى مەسىلە تاپشۇرۇشى ياخشى، ئىقرار قىلدى، كەڭچىلىك قىلىمىز دەپ،
كۈنىگە بىردىن ئادەمنى تارتىپ چىقىرىپ كۆرەش – پىپەنگە سېلىشقا باشلىدى،
بىرىنجى بولۇپ، يەنىلا مەن ئۇلارنىڭ دۇمبىقى بولۇپ، پىپەنگە – كۆرەشكە
تارتىلدىم.
«ئالدى بىلەن كەڭچىلىككە ئېرىشىپ، قويۇپ بېرىش قارار قىلىنغان ئەنۋەر قادىر
بىلەن ھىبىبۇللاھ ھوشۇرنىڭ ماۋجۇشىنىڭ ئىنقىلابىي لۇشەنىگە قايتىپ
كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلمىز» دەپ ئۇنىڭ سۈرىتىنى ماۋزېدوڭنىڭ رەسىمىنىڭ
ئالدىدا توختىتىپ، كامىردا فىلىمگە ئېلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن مېنى ئۆرە
تۇرغۇزۇپ، مېنى بىر مۇنچە ھاقەرەتلەپ، كۆرەش ـ پىپەننى مېنىڭ ئۈستۈمدىن
ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى، چۈنكى قويۇپ بېرىلىۋاتقان ھەر ئىككىسى مېنىڭ
ئەزالىرىم ئىدى، مەن ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىدىم، كۆرەش ـ پىپەن باشلاندى
دېگەندە تۆت ئادەم يۈگرەپ چىقىپ مېنى باسمىداپ خۇددىى مەن قېچىپ
كېتىدىغاندەك، مەيدانغا سۆرەپ ئېلىپ چېقتى.
―
مەن يولدا قېچىپ كېتەي دەپ، سەپنىڭ كەينىدە قېلىپ، ئارقامغا بۇرۇلۇپ
قېچىۋاتسام، بۇ ئابدۇرشىت دېگەن ۋەتەن خائىنى باندىت، ئاخۇنوپنىڭ
يالاقچىسى دەپ ماڭا قورال تەڭلەپ، ئارقامغا ياندۇرۇپ قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلگەن
ئىدى.
―
راستمۇ؟
―
مەن ئۇنىڭ كۆزىگە نەپرەت كۆزۈم بىلەن بىر ئالىيىپ قويۇپ راست، دېدىم.
ئەگەر راست دەپ قۇتۇلمىسام، ئۆلتۈرىۋىتىش ئېھتىمالى بار ئىدى، ئۇلار ئۇر
توقماق، سۈر توقماق قىلىپ، ئاممىۋى ھەرىكەتتە ئۆلۈپ قالدى،
بېسىقتۇرالمىدۇق، خەلقنىڭ غەزىۋى كۈچلۈك ئىدى، دەپ جاۋاب بېرىشى مۇقەررەر
ئىدى.
خالىقھاجى تەمبۇرچى سەكرەپ چىقىپ:
بىز
ماشىنىمىزدىن ئايرىلغان بولساقمۇ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەمما قايتىشىمىزدا ھەر
بىرىمىز تانكا، ئايروپىلان بىلەن، گۈلدۈرلەپ كىرىپ، شىنجاڭدىكى خىتايلارنىڭ
ھەممىسىنى بىرنى قويماي قىرىۋىتىمىز، دېگىنىڭ راستمۇ؟
―
راس!
―
خىتايلارنىڭ تەرجىمانى بولغان ھەيىت پەيي دېگەن سەكرەپ كېلىپ، ھۇ!
كۇسپۇرۇچ، سەن تېخى خەنزۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قىرىپ تۈگەتمەكچىمىتىڭ؟!! دەپ
پۇتىدىكى ھەربىيچە يوغان باشلىق سەت ئاياغ بىلەن قورسىقىمغا بىر نەچچىنى
تەپتى، ئاغرىق ئازابىدىن بېشىم قېيىپ، كۆزلىرىم بىر نېمىنى كۆرەلمىدى،
باشقىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىنى ئاڭلىيالمىدىم، ئۇيان تارتىپ، بۇيان
تارتىپ قانداقتۇر مېنى كەلسە كەلمەس دۇمبالاۋاتاتتى.... قىشنىڭ سوغۇق
كۈنلىرىدە مېنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۈستۈمدىكى كىيىملىرىمنى سالدۇرىۋىتىپ
قانداقتۇر تېمپىراتۇر ئۆتكۈزىمىز دەپ قىيناشلىرى، كەينى – كەينىدىن
تېگىۋاتقان سان - ساناقسىز تاياقلارنىڭ سانىنى ئېلىپ بولغىلى بولمايتتى
........
خىتايلار تەرىپىدىن ئالدانغان بۇ «سەپداشلىرىم» نىڭ بەزىلىرى ھەقىقەتەن
ئالجىشقان، خىتايلار تەرىپىدىن تارتىلىپ كېتىلىشكە باشلانغان ئىدى. ھەتتا
مىجىت سىلىڭنىڭ قوغدىغۇچىسى بولغان باتۇرمۇ مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلىپ
قالايمىقان پىكىر بېرىپ راستمۇ؟ يالغانمۇ؟ دەپ مېنىڭ تېخىمۇ ئازاپلىنىشمغا
سەۋەبچى بولۇۋاتاتتى...
بۇنداق كۆرەش - پىپەن مەن بىلەن تۈگىمىدى. بەلكى مەندىن باشلىنىپ
نۆۋەتلىشىپ كۆپ كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىدى. ھەر كۈنى كۆرەش ـ پىپەن،
ۋايجان – ۋايەي! قىيا، چىيا، دەرت ـ ئەلەم ئۈستىگە دەرت ـ ئەلەم ....
ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەرنىڭ قىشى جاندىن ئۆتىدىغان سوغۇق بولىدۇ،
كىيىملىرىمىزنى سالدۇرىۋىتىپ، يالاڭ ئاياق، يالاڭ باشتاق پىپەن قىلىشلىرى
ئادەمنى قەستەن نابۇت قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
3 -
ئاينىڭ باشلىرى ئىدى، تۇيۇقسىز يەنە بىر چۈشۈمگە كىرىپ باقمىغان سوراق
باشلاندى، مەن تونۇمىغان بىر توپ خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن بىر بۆلۈك خىتاي
باشلىقلىرى كېلىپ، تۆت ئەسكەرنىڭ ھىمايىسىدا مېنى سوراق قىلغىلى تۇردى.
سوراقىنىڭ مەزمۇنى: مامۇتجان ئۈستىدە ئىدى.
مامۇتجاننىڭ مەسىلىسىنى پاش قىل؟
―
مەن قايسى مامۇتجاننىڭ؟ دەپ سورىدىم.
―
خۇپسەنلىك قىلما!
―
مەن چۈشىنەلمىدىم. مەن مامۇتجان دېگەن كىشىنى راستىنلا بىلمەيمەن.
―
سېنىڭ تەشكىلاتىڭدىكى، قەشقەر گۇڭئەنچۇنىڭ كادىرى مامۇتجان.
―
مەن ھەيران قالدىم. بۇ خەق راستىنلا ساراڭ بولۇپ قالدىمۇ ياكى مامۇتجان
راستنلا بىزنىڭ تەشكىلاتتا بولغىيمىتى؟!! قاتتىق خىيالغا چۆمۈپ كەتتىم.
―
مامۇتجاننى مەن ياخشى تونۇيمەن، ئەمما مەن مامۇتجان بىلەن ئەزەلدىن بىر
يەردە بىرقاچا تاماق، ياكى بىر پىيالە چاينى ئىچىپ باققان ئەمەس، مەن
راستنلا مامۇتجاننىڭ بىزنىڭ تەشكىلاتتا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن، بۈگۈن
بىرىنچى قېتىم سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىن ئاڭلاۋاتىمەن، دېدىم. بۇ گەپ راستىنلا
مېنىڭ يۈرەك سۆزۈم ئىدى.
―
سەن جاھىللىق قىلىپ، بىزنى كولدۇرلاتما! سەن ياخشى بىلىسەن، سەن ئۇنى
ئەزالىققا تونۇشتۇرغانسەن، ھەم سەن ئۇنى قوبۇل قىلغانسەن.
―
مەن مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بۇ ئىشنىڭ تىگىدە بىر يامان شۇملۇقنىڭ
يوشۇرۇنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ مېنى مامۇتجانغا يۆلەپ، يوقىتىش ھىلە ـ
نەيرىڭىنى تەييارلاۋاتقانلىقىنى ئالدىن ھېس قىلغان ئىدىم.
―
مەن مامۇتجاننى بۇ تەرەپتىن زادى چۈشەنمەيدىكەنمەن، دېدىم.
―
ئۇلار تاشقىرىغا چىقىپ كېتىپ، بىردەمدىن كېيىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،
ساڭا يەنە ئويلىنىش پۇرسىتى بېرىمىز، بۈگۈنكى بۇ سوراق سېنىڭ بىلەن
مۇناسىۋەتسىز، جاھىللىق قىلماي ياخشى ئويلان، يەنە سەن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ
بارىمىز، دەپ يۇمشاپراق چىقىپ كەتتى، ئۇلار مەن بىلەن «سۆھبەت» ئېلىپ
بارماقچى ئىدى.
مەن
كامىرغا قايتىپ كىرگەندىن كېيىن، ناھايىتى جىمىپ كەتكەن ئىدىم. ئۇلارنىڭ
سورىغان سوئاللىرى مېنى بەكمۇ بىئارام قىلماقتا ئىدى. ئىچىم بەكمۇ تىت –
تىت بولۇپ كېتىپ باراتتى. بۇ ئىشنىڭ تىگى ـ تەكتىگە يېتىپ بولمايتتى. مەن
مامۇتجاننى ياخشى بىلەتتىم، بەكمۇ چۈشىنەتتىم. ئۇ كام - كۈتسىز خىتاينىڭ
بىرىنچى دەرىجىلىك سادىق غالچىسى، خىتايلارنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك رازۋىتچىكى
ئىدى، يالغۇز قەشقەردە ئەمەس، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئۇنىڭ ئالدىغا
ئۆتىدىغان خىتاينىڭ يەنە بىر سادىق غالچىسى يوق ئىدى. قانداق بولۇپ بۇ
ماماتجان بىزنىڭ ئادەم بولۇپ قالدىيا!؟ تولغىنىپ زادى ياتالمىدىم، كېچىچە
ئۇيقۇم كەلمىدى، بۇ غەيرى سوراق يەنە سۆھبەت نامى بىلەن يەنە قاچان
باشلىنار، كاللامدىن ھەرخىل خىياللار كەچمەكتە ئىدى، يېرىم كېچە سائەت
ئۈچتىن ئاشقاندا بۇ بىر توپ لەنىتى سەت كۆرۈمسىز خىتايلار يەنە مېنى
سوراققا چاقىردى.
―
ئويلاندىڭمۇ؟
―
ئويلاندىم.
―
ئۇنداق بولسا سۆزلە!
―
نېمىنى سۆزلەيمەن؟
―
مامۇتجاننىڭ مەسىلىسىنى پاش قىل!
―
مەن تۈنۈگۈنلا راست گەپ قىلغان، مەن مامۇتجان توغرۇلۇق زادى ھېچ نېمىنى
بىلمەيمەن.
―
سەن جاھىل نېمە ئىكەنسەن، پۇرۇلتارىيات دىكتاتۇرىسىدىن قېچىپ
قۇتۇلالمايسەن، ياماننى قولتۇقىغا ئالغان ياماننىڭ يامىنى، بىلەمسەن! سەن
ئۇنى ئاقلىماي ئۇنىڭ مەسىلىسىنى پاش قىل. پارتىيىمىزنىڭ سىياسىتى ئىقرار
قىلغانلارغا كەڭچىلىك، قارشىلىق قىلغانلارغا قاتتىق بولۇش، ئەگەر سەن يەنە
جاھىللىق قىلىدىغان بولساڭ، جىنايىتىڭگە جىنايەت قوشۇپ جازالىنىسەن .....
―
ئۇلارنى زادى ئىشەندۈرەلمىدىم. بىز بىر قانچە ئاي ئالدىدا مامۇتجان بىز
ئۈچۈن خەتەرلىك ئۇنسۇر، ئۇنى يوقىتىۋىتەيلى، دەپ ئۇنىڭ پىيىگە چۈشۈپ
يوقىتىمىز دەۋاتساق، ئاخۇنوپ بىزنى توسۇپ قويغان، راستىنلا مامۇتجانمۇ
بىزنىڭ سەپكە قېتىلغان بولغۇيمىتىيا؟! كاللام زادىلا ئېلىشىپ كەتكەن ئىدى.
بىزنىڭ قارارىمىزنى، ئاخۇنوپنىڭ قارشى چىقىپ بۇزغانلىقىنى دەيمۇ يا! ياق
ئۇنداق قىلسام، بېشىمغا بالا تىرىۋالىمەن.... ئەمما ئاخۇنوپ بىزنى توسۇشتا،
بىر مامۇتجاننى يوقىتىش بىلەن خىتاي تاجاۋوزچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىن
ھەيدەپ چىقارغىلى بولمايدۇ، دۈشمەنلەر مەغلۇپ بولغان كۈنى مامۇتجان
قاتارلىقلارمۇ بىللە يوقىلىدۇ، بىر مامۇتجاننى دەپ چوڭ ئىشقا دەخلى
بولىدىغان ئىشنى قىلىپ، ئۇخلاۋاتقان يولۋاسنى ئويغىتىپ قويماڭلار!!! دېگەن
سۆزى، مامۇتجاننىڭ بىزنىڭ تەشكىلاتىمىزدا ئەمەس، بەلكى ئۇ بىزنىڭ
دۈشمىنىمىز دېگەنلىك ئىدىغۇ!
مەن
ئۇلارنىڭ گېپىگە بىلمەيمەن، دەپلام جاۋاب بەردىم.
ئۇلار قوراللىرىنى تاراقشىتىپ، ئۈستەل ئۈسىتىگە بىر نەچچە پاي ئوق بىلەن
بەتلەپ قويۇپ ئۆرە تۇرۇپ سوراق قىلغىلى تۇردى، مەن باشتىن ـ ئاخىر
بىلمەيمەن، دەپ تۇردۇم.
بىرسى كېلىپ ئېغىر تەلۋە مۇشتى بىلەن بىرنى سالدى، قۇلىقىم غۇڭڭىدە قىلىپ
بىر نەچچە مىنۇت ئۇلارنىڭ نېمە دېگىنىنى ئاڭلىمىدىم، پەقەت ئاغزىنىڭ
مىدىرلىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇراتتىم. ئۇلار يەنە ئۇردى، بۇ قېتىم سەن بىزنىڭ
سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدىڭ دەپ ناھەق ئۇرىۋاتاتتى، قۇلىقىم زادى بىر
نېمىنى ئىشتمىدى، يا رەببىم! بۇ نېمىدېگەن تارتقۇلۇق، ئۇنداق كۈنگە قويغۇچە
جېنىمنى ئالساڭمۇ بولاپتىكەن دەپ ئاللاھقا نالە قىلىۋاتاتتىم. ئۇلارنىڭ
گېپىگە جاۋاب بېرەلمىدىم. ئۇلار بىر نېمىلەرنى دەپ تىللاپ يەرنى دەسسەپ،
ئۈستەللەرنى تاراقشىتىپ بىقىپ، مېنى يەنە كامىرغا سولاپ قويدى، بۇنداق
سوراق بىر ھەپتىدىن ئاشقان ئىدى، ئاخىرقى قېتىم ئىدى، مەن جاندىن راستىنلا
تويغان ئىدىم، ئۇلار بىلەن تاكاللىشىپ بولمىغىنىغا بىرنى ئۆلتۈرىۋىتىپلا
ھەممىدىن بىراقلا قۇتۇلاي دېگەن قارارغا كەلدىم. كېچىسى يەنە سوراق
سورىغىلى كىردى، بۇ قېتىم باشقا بىرنەچچە باشلىقى كەلگەن ئىدى، ئۇلارنىڭ
ئىچىدە بىرسىنى تونىيتتىم. ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايون سىياسى
باشقارمىنىڭ باشلىقى ئىدى، ئەجەبا ئولايتايوپ دېگىنى كەلمەي بۇ باشلىقى
كەپتۇ يا! ئەسلىدە ئۇيغۇلارنى ئۇيغۇرلار سوراق قىلاتتى، نېمە ئۈچۈنكى مېنى
خىتايلار سوراق قىلىۋاتاتتى. يەنە باشتىن مامۇتجاننىڭ مەسىلىسىنى پاش قىل
دېگەن تېمىدىن باشلاندى، مەن ھەقىقەتەن ئەقلىمدىن ئازاي دېگەن ئىدىم،
ئۇلارنىڭ مامۇتجان توغرۇلۇق سورىغان سوئاللىرى مېنى راستىنلا گاڭگىرىتىپ
قويغان ئىدى .......
مەن
ئەڭ ئاخىرقى غەزىپىم بىلەن بولغۇلۇقنى بىراقلا كۆرەي دېگەن نىيەتكە كەلدىم
ـ دە، ھۈكەنى بوينۇمغا ئالدىم:
―
سىلەر مامۇتجاننى شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى
دەپ گۇمان قىلىدىكەنسىلەر، مەندىن بۇ سوراقنى سورىغىلى بىر ھەپتىدىن ئاشتى.
قەشقەردىكى سىياسىي قانۇن كادىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك پارتىيە
مەكتىپىگە يىغىۋىلىپ، نەزەر بەنتكە ئالدىڭلار، گۇڭچەنداڭغا سادىق دەپ پۈتۈن
قەشقەر ۋىلايىتىدىن مامۇتجان باشلىق بىر قانچە ساناقلىق كادىرنى ئەپقېلىپ
ئىشلەتتىڭلا، سىلەر مامۇتجاننىمۇ گۇمانلىق دەپ قارىغان بولساڭلا، سىلەرنىڭ
نەزىرىڭلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى گۇڭچەنداڭغا قارشى ئەكسىلئىنقىلابچىلار
ئىكەن. ئۇنداق بولغاندىكىن، پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى قارا قويۇق ئۆلتۈرىۋىتىپ
بىراقلا بۇ ئەكسىلئىنقىلابچى ئۇيغۇرلاردىن قۇتۇلساڭلار بولمامدۇ؟ دېدىم ـ
دە، ئورنۇمدىن دەس تۇردۇم. قېنى! مەرھەمەت ئۆلۈمنى مەندىن باشلاڭلا، چۈنكى
مەن نەخ ئەكسىئىنقىلابچى، بۇ ئسپات تەلەپ قىلمايدۇ، دەپ ئۆرە تۇردۇم. مېنىڭ
گېپىمگە چىدىيالمىغان جانابى چۇجاڭ ئورنىىدىن چاچراپ تۇرۇپلا، تەستىكىمگە
بىرنى سالدى، بۇنى ئەكىرىپ سولاپ قويۇڭلا دەپ چىقىپ كەتتى.
ئەتىسى نېمە ئۈچۈنكى مېنى سوراققا ئېلىپ چىقمىدى، شۇنىڭ بىلەن مامۇتجان
توغرۇلۇق سوراق ئاخىرلاشتى بولغاي. ئۇندىن باشقا يەنە مېنىڭ دادامنىڭ
ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى كەلگەن ئىدى. خەۋەرنى ئاڭلاپلا، ھەممىدىن ئادا ـ
جۇدا بولۇش قارارىغا كەلدىم، مەن ئۇ كۈنى تەلۋە ئىدىم، ئەگەر سوراقچىلار
يەنە پەلپەتىش سوراق سورىسا جاننى تىكەتتىم، دادامنىڭ ئىچ ئاغرىقىدا
يىغلىدىم، دادامغا چىدىمىدىم، كېچىچە سۆزلەپلام چىقتىم. باشقىلارنى
ئۇخلاتمىدىم، ئۇلار مېنى كاللىسىدىن ئازدى، ساراڭ بولدى، دېيىشتى، ئۇلارنىڭ
گېپى ماڭا «سەن ساراڭ بولىۋال ساراڭغا سوت يوق» دېگەندەك تۇيۇلدى، شۇندىن
ئېتىبارەن مەن «ساراڭ» بولىۋالدىم، ئاغزىمغا كەلگەننى سۆزلەۋەردىم، مېنىڭ
گېپىمنىڭ بېشى بىلەن ئايىغىنى ھېچ كىم پەرق ئېتەلمەيتتى، بەزىلىرى راستىنلا
بۇنىڭغا بەك كەلگۈلىك كەلدى، دادىسى ئۆلدى. ھە دىسە بۇنى كېچە ـ كېچىلەپ
ئەپچىقىپ كېتىپ ئۇخلىغىلىمۇ قويمىدى. بۇ راستىنلا مېڭىسىدىن ئازدى دەپ
تەستىقلاپ بېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەن خىتايلارنىڭ سورىغىدىن قۇتۇلغان ئىدىم.
1989
- يىلىنىڭ كۈز پەسلى ئىدى. مەن تۈرمىدىن چىققانغا خېلى زامانلار بولغان
ئىدى. بىر كۈنى سەمەن تەرەپتىن شەھەرگە قاراپ كېتىۋاتاتتىم. لەڭگەر
مىھمانخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە مامۇتجان ئۇچراپ قالدى. سالام ـ سائەت
قىلىشقاندىن كېيىن، مېنىڭ ئۆيگە كەچلىك تاماققا كېتىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ،
«ماۋۇ يەردە پاكىستانلىقلار بىر رىستۇران ئاچتى. كەچلىك تاماقنى مۇشۇ يەردە
بىللە يەيلى» دەپ مېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى، مەن رىستۇرانغا كىردىم، نېمە
ئۈچۈن مېنى تاماققا تەكلىپ قىلغانلىغىنى ھازىرغىچە بىلمەيمەن. تاماق
بۇيرۇتتى، تاماق كەلگۈچە پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، تۈرمىدە بولۇپ ئۆتكەن
كونا ئىشلارنى ۋە سوراقنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى مامۇتجانغا قىسقىچە سۆزلەپ
بەردىم. ئاڭغۇچە تاماقمۇ كەلگەن ئىدى. مەن بەھوزۇر تاماقنى ئىشتىھا بىلەن
يېدىم، ئەمما مامۇتجان ئولتۇرغان پېتى خىيالغا غەرق بولۇپ كەتتى. مەن
مامۇتجانغا پات – پات قاراپ قوياتتىم. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى تىترەشكە
باشلىغىلى تۇردى. رەڭگىمۇ باشقىچە ئۆزگىرىشكە باشلىغان ئىدى. توختىماي
ئۇلۇغ كىچىك تىنغىلى تۇردى. مەن تاماققا تەكلىپ قىلغاندىن كېيىنلا، ھۇشىغا
كەلدى. «مەن ئاشۇ يىللاردا بىر مەزگىل لەيلەپ قالغان ئىدىم. ماڭا بولغان
پوزىتسىيىسىمۇ غەيرى ئىدى، نېمە سەۋەپكى دېسەم ئەسلى ئىش مۇنداق ئىكەندە!»
دېدى.
«18
ـ 7» مۇسىبەت كۈنى
1970
– يىل 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئېغىر
مۇسىبەت كۈنى بولۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەر ناھىيىلىرىدە
بىرلا ۋاقىتتا 78 نەپەر ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ
يېقىنقى زامان تارىخىدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە ئۇنتۇلغۇسىز جاراھەت
ئىزىنى قالدۇرغان كۈن ئىدى. بىز ھايات ياشاۋاتقان ھەر بىر شەرقىي
تۈركىستانلىق بۇ مۇسىبەت كۈننى ھەرگىز ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز لازىم.
4 -
ئاينىڭ 10 - كۈنى ئۆگىنىش كۇرسىدىكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر قانچىمىز قولغا
ئېلنىپ، يېڭىۋاشتىن تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئىدۇق. قەشقەر ۋىلايەتلىك
تۈرمىنىڭ بىز ئۈچۈن ئاتايىتەن ياسالغان كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان، دەرىزىلىرى
چاپلانغان، ئىشىكلىرى يېڭىدىن پولاتتىن قىلىنىپ ياسىلىپ، تاماق بېرىدىغان
كىچىككىنە كامىرىدىن باشقا يەرلىرى تامامەن ئىتىۋىتىلگەن، ئۆيلىرى بىز
ئۈچۈن ھازىرلانغان ئىكەن. تۈرمىگە كىرگەن كۈندىن باشلاپ ھەر قايسىمىزنى
ئىككىدىن، ئۈچتىن بىر كامىرغا سولاپ قويغان ئىدى، بىز بار تۈرمىدە بىزنىڭ
ئادەملەردىن باشقا ئادەملەر يوق ئىدى. ئۇلار ئارقىمىزدىكى بىر نەچچە يۈرۈش
ئۆيلەرە سولانغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ ياتقان كامىرلىرىنىڭ دەرىزىلىرى بار، كۈن
نۇرى چۈشىدىغان، ھويلىغا چىقىپ ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا تەرەتكە بارالايدىغان
ئۆيلەر ئىكەن. بىزدە ئۇنداق ئەركىنلىك يوق ئىدى. كۈنلىكى ئىككى ۋاخ تەرەتكە
چىقاتتۇق. باشقا ۋاقىتتا ئۆي ئىچىگە تەرەت قىلاتتۇق. ئىككى ۋاخ سېرىق
قوناقنىڭ قاسقاندا پۇشۇرۇلغان تاۋاقتا قىلىپ قۇيۇلغان ناننى بېرەتتى. 7 -
ئاينىڭ 15 – كۈنى ئىدى، مەن بار كامىرغا بىر كىشىنى ئەپكىرىپ سولاپ قويدى،
بۇ ئادەم بەئەينى چەتئەللىككە ئوخشايتتى، بېشىدىكى كەپكىسى، كىيگەن ئىشتان،
چاپانلىرى پۈتۈنلەي روس پاسونىدا ئىدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ بوران -
چاپقۇنلىرىدىن ساق قالغىنىغا قارىغاندا، بۇ كىشى چەت ئەلدىن كەلگەن كىشىدەك
كۆرۈنەتتى. بىز ئۇنىڭ بىلەن گەپلەشمىدۇق. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتتى. 18 – كۈنى
تاڭ سەھەردە ئادەم – ئادەمنى تونىغىلى بولمايدىغان بىر كۈن ئىدى. پۈتۈن
تۈرمىنىڭ ئىشىكى گۈلدۈر – گۈلدۈر، تاراق - تۇرۇق ئارقا ـ ئارقىدىن
ئېچىلىشقا باشلىدى، ئۆيدىن چىق دېدى، ئۆيدىن چىقتۇق. تۈرمىنىڭ تېمىغا
قولىمىزنى قويغۇزۇپ، ئۆيلەرنى ئاختۇرۇپ، غادىر – ئۈسكۈن قىلىپ بولغاندىن
كېيىن بىردىن – بىردىن باغلىدى، تۈرمىنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ چىقتى، ئەسكەرنىڭ
كۆپلىكىدىن دەسسەيدىغانغا يەر يوق ئىدى. بىزنى بىر تەرەپكە ئاپىرىپ،
باغلاقلارنى قايتا تەكشۈرۈپ، يەرگە ئولتۇرغۇزدى، بىزدىن 20 مىتىر
يىراقلىقتىكى بىر يەرگە قاتار يەتتە ئادەمنى بىردىن – بىردىن ئولتۇرغۇزۇپ،
بېشىغا ئېگىز كۇلا كىيگۈزدى، شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى
ئاندىن بىلدۇق، ھۆكۈم ئېلان قىلىش چوڭ يىغىنى بار ئىكەن. ئۆلۈمگە ھۆكۈم
قىلىدىغانلارنىڭ ئىچىدە ئەھمەتجان مۇنىر باشقىچە تۇراتتى. ئۇنى باغلاپ
بېشىغا كۇلانى كىيگۈزۈپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان قىزىل كىرسىت بەلگىسىنى
ئۇرغاندا، ئۇ ناھايىتى ئاۋازلىق قىلىپ بىر مۇنچە شىئىرنى دىكلاماتسىيە
قىلىپ ئوقىدى، مەن پەقەت يولۋاس، باتۇر، شەرقىي تۈركىستان.... دېگەنلىرىنى
ئاڭلىيالىدىم. ئاڭغۇچە بوينىغا سىرتماق سېلىپ ئاغزىنى ئاچۇرمىدى. ئۇنىڭ
يېنىدا ئابدۇكىرىم ساۋوت بار ئىدى، ئۇ كىيىمىنى تەتۈر كىيىۋىلىپ
تۈگمىلىرىنى ئېگىز ـ پەس قادىغان ئىكەن. باشقىلارمۇ ھەرخىل كۆرۈنۈش بىلەن
ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈمگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ نارازىلىق بايان قىلماقتا ئىدى.
ئۇلارنى بىردىن ماشىنىغا 10 ئەسكەرنىڭ يالىشى بىلەن ئېلىپ ماڭدى. يەتتە
ماشىنا مېڭىپ بولغاندىن كېيىن بىزنىڭ ماشىنا يولغا چېقتى، ئۆستەڭ بويىدىن
ھېيتكار، ھېيتكاردىن ياۋاغ، ئۇيەردىن تۆشۈك دەرۋازا، ئاندىن تۆمەن كۆلنىڭ
يېنى بىلەن باغچىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قەشقەر شەھەرلىك گۇڭئەنجۈنىڭ ئالدىغا ئېلىپ
كېلىپ ماشىنىلارنى قاتار تىزدى، جىنايەتچىلەر ئېلىپ كېلىنسۇن دېگەندىن
كېيىن، بىزنى خەلق مەيدانىنىڭ رەئىس مۇنبىرىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولدا ماشىنا
بىلەن توختاتتى. ھۆكۈمنى ئېلان قىلدى.
―
سوۋېت شىيۇجېڭجۇيى خائىنلار گورۇھى بىۋاستە پىلانلىغان، ئاخۇنوپ
باشچىلىقىدىكى قەشقەر رايونىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق توپىلاڭ
گورۇھىغا زەربە بېرىش چوڭ يىغىنى ھازىر جازا ھۆكۈم ئېلان قىلىدۇ...
يىغىنغا جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايوننىڭ باشلىقى رىياسەتچىلىك قىلىۋاتاتتى.
يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن جىنايەتچىلەر بىردىن – بىردىن
رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىدىكى ماشىنىغا چىقىرىلىپ جىنايى جازاسى ئوقۇلماقتا
ئىدى. ئىسمى ئېلان قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن ئالدى بىلەن يەتتە نەپەر
ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ بولغاندىن كېيىن،
ئارقىدىن ئۇلاپ بىزگە ھۆكۈم ئېلان قىلدى، سىيىت نىيازغا ئۆلۈم جازاسى
بېرىلىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلدى. قالغانلىرىمىزغا 20 يىللىق، 15
يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، تېرىك قالغانلىرىمىز
خۇداغا چەكسىز شۈكۈر ئېيتتۇق، تۈرمىگە قايتىپ كەلدۇق. نېمە ئۈچۈنكى
ئۆلتۈرۈلگەن سەپداشلارنىڭ ئىچ ئاغرىقىمۇ ياكى باشقا سەۋەبمۇ بىر ـ بىرىمىز
بىلەن گەپلەشمىدۇق. نامازنىلا ئوقۇدۇق، باشقا ئارتۇق گەپ ـ سۆز بولۇنمىدى،
جىمجىتلىق ئۈچ كۈندىن ئاشقان ئىدى.
سىزنىڭ ئىسمىڭىز سىيىت نىياز ئىكەن ھە! دېدىم مەن.
گەرچە بەش - ئالتە كۈندىن بىرى بىر ئۆيدە ياتقان بولساقمۇ، مەن ئۇ ئادەمنى
سوۋېتتىن كەلگەن كىشى، بۇنى بىزنىڭ يېنىمىزغا بەلكىم ياساپ ئېلىپ كىرىپ،
گەپ ئېلىشنى ئويلاۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ گەپ سورىمىغان ئىدىم.
بارا
- بارا ئۇ ئادەم بىلەن چىقىشىپ كەتتۇق، ئۆز ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشتۇق.
ئۇ ئادەمنىڭ ئىچىدىن چىققان ئالتۇن، گۆھەرنىڭ ئۆزى ئىكەن.
قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن ۋىلايەتلىك ماددى ئەشيالار ئىدارىسىنىڭ كادىرى
ئىكەن، ئەكسىلئىنقىلابىي جىنايەت بىلەن 15 يىل كېسىلىپ پەيلوغا بارغان
ئىكەن. پەيلو مەيدانىدا ئەھمەتجان مۇنىر بىلەن بوران پارتىيىسى قۇرۇپ،
قوراللىق قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇرماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ
ئىككى يىلدىن كېيىن ئىجرا قىلىمىز دەپ ھۆكۈم بەرگەن ئىدى. پەيلو مەيدانىدىن
قەشقەرگە كەلگەن بەش يىل جەريانىدا قارا ئۆيدە يېتىپ خىتايچىنى راۋرۇس
ئۆگىنىۋاپتۇ. قۇرئان كەرىمنى يادلاپ بوپتۇ، ھەدىستىنمۇ ناھايىتى جىق يادا
بىلىدىكەن. تىرىشچان ئادەم ئىكەن. ئۇ ئادەم بىلەن تاكى پەيلو مەيداندىمۇ 8
يىلدەك بىر يەردە، بىر ئەترەتتە بىللە تۇردۇم. ماڭا ياخشى تەسىر قالدۇرغان
كىشى ئىدى. ئۇ تۈرمىدىن ھايات چىقتى. ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۈرۈمچىىدە ئۆتگۈزدى.
ئاڭلىشىمچە نەنمىندىكى مەسجىدتە مۇئەززىنلىك ۋە غۇجىدارلىق ئىشلىرىنى
قىلغانمىش. ئۇ جەرياندا ۋەتەندە بولىۋاتقان ناھەق ئىشلار ھەققىدە چەت
ئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈپ، ۋەتەن، مىللەتنىڭ
ئىستىقالالىيىتى ئۈچۈن بىر قاتار ياخشى ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم.
يېقىندا ئۇنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقىنىمۇ ئاڭلىدىم. جانابى
ئاللاھتىن ئۇنىڭغا رەھمەت تىلەيمەن، ئامىن!
ھۆكۈم مەيدانىدىن كىرىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، تۈرمىنىڭ تېمىغا بىر ئېلان
چاپلاپ قويدى، ئېلان شىنجاڭ بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ ئىسمى ۋە
جىنايى قىلمىشى ئىكەن. ئۇنىڭدا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە شەھەر
ناھىيىلىرىدە 7 - ئاينىڭ 18 – كۈنى سائەت 10 دا 78 ئادەمنىڭ قەتلى
قىلىنغانلىقى تەپسىلى يېزىلغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركىستان
خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ئىكەن. ئۇندىن باشقا يەنە بىر نەچچە
ئېلانلار بار ئىدى. ئۇ ئېلانلارمۇ ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ
ئىسمى ۋە جىنايى قىلمىشى يېزىلغان ئېلان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مېنىڭ
شېرىكىم ھەسەن قارى بىلەن توختى ھاجىمۇ بار ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن
ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئېلاننى تامدىن سويۇپ ياتاققا
ئېلىپ كىرىپ، تەپسىلى قايتا – قايتا ئوقۇپ چىققان بولدۇم. جىنايى ئەيىبلەش
نامىسىدا نۇرغۇن يەرلىرى مېنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتەتتى، ئەمما «بانكا
بۇلىغان، ئاشلىق بىلىتى بۇلىغان، خەلق ئازادلىق ئارمىيىمىزنىڭ ئوفىتسىر
جەڭچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن» دېگەن ئەيىبلەشنامىسى مېنى غەلىتە قىلىپ قويدى.
مەن
ھەسەن قارى بىلەن 68 - يىلى قەشقەردە تونۇشقان ئىدىم، بىر كۈنى ئەتىگەندە
ئالاقىچى ماڭا بىر بۇيرۇق ئېلىپ كەپتۇ، قىلىدىغان ئىش ۋە مەقسەتنى ئېنىق
يېزىپتۇ، مېنى باشلاپ بارىدىغان كىشى بىلەن قەشقەر شەھىرىدىكى خەلق
مىھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا كۆرۈشىدىغانلىقىمنى، كۆرۈشۈش ئۇسۇلىنى تەپسىلى
چۈشەندۈرۈپتۇ.
مەن
بۇيرۇققا بىنائەن خەلق مىھمانخانىسىنىڭ ئالدىدىكى پەلەمپەينىڭ بىرىنچى
سۇپى
|