|
قەلەم كۈرىشى
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا
نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇلجېلىل تۇران
2001
ـ يىل ئىستانبۇل
شىنجاڭلىقلار تۈركمۇ؟
پروفېسسور لى دۇڭفاڭ
(ئىلاۋە: تۈركىستانلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى (چۇڭكىڭ) چىن خەلق ھۆكۈمىتى
ئاساسى قانۇن لايىھەسى توغرىسىدىكى لايىھە، ئاساسى قانۇن گۇرۇپپىسىغا
بېرىلىپ، 1944 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى «داگۇڭباۋ»دا بېسىلىپ
چىققاندىن كېيىن، 1944 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى «جۇڭياڭ رىباۋ»دا لى
دۇڭفاڭ ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ بىر پارچە ماقالىسى نەشر قىلىندى. بۇ
ماقالىنىڭ ماۋزۇسى «شىنجاڭلىقلار تۈركمۇ؟» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، مەقسىتى
يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن لايىھەگە قارشى تۇرۇشتىن باشقا
نەرسە ئەمەس ئىدى. بۇ ماقالىدىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئىلمىي ۋە سىياسىي
جەھەتتىن پۈتۈنلەي خاتا بولۇپ، بىر جۈملىمۇ توغرا سۆز يوق ئىدى. بۇنىڭغا
جاۋاب بېرىشمۇ ھاجەتسىىز ئىدى. لېكىن گومىنداڭنىڭ رەسمى گېزىتى بولغان
«جۇڭياڭ رىباۋ»دا بېسىلغىنى ئۈچۈن، ئومۇم خەلقكە ئەكس تەسىر بەرمەي
قالمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ماقالىغا قارشى ئىلمىي بىر جاۋاب يېزىپ، لى
دۇڭفاڭنىڭ ماقالىسى بىلەن بىرگە ئېلان قىلدۇق ― مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا.)
«تۇڭشىياڭخۇي» (يۇرتداشلار ئويۇشمىسى) دېگەنلەر تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان
«تۇڭشىياڭخۇي»نىڭ ئاساسى قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى تەكلىپنىڭ 1 ـ قۇرىدا،
«تۈركىستان مىللىتى تۈرك مىللىتى دەپ ئۆزگەرتىلىشىنى ئۆتۈنۈپ سورايمىز»، 2
ـ سەتىردە، «ئاساسى قانۇندا تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ ئاپتونومىيىسى ھەققىدە
ماددا توختىتىلسۇن»، 3 ـ سەتىردە، «ئاساسى قانۇننىڭ 4 ـ ماددىسىدىكى
«شىنجىياڭ» سۆزى «تۈركىستان» سۆزىگە ئۆزگەرتىلسۇن» دېيىلگەن.
1 ـ
سەتىردىكى «ئۆتۈنۈپ سورايمىز» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمىدۇق. ھۆكۈمەت
تەرىپىدىن بۇيرۇق بىلەن توختىتىشنى سوراۋاتامدۇ؟ مېنىڭچە بۇ، ئىلمىي بىر
مەسىلە. ھۆكۈمەتنىڭ توختىتىشىنى ئىلتىماس قىلىش لازىم ئەمەس.
ھۆكۈمەتمۇ چۇڭچىڭدىكى بىر نەچچە شىنجىياڭلىقنىڭ پىكرى بىلەنلا 1 مىليوندىن
ئارتۇق بولغان قېرىنداشلار رازى بولمايدىغان، بەلكى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ
باقمايدىغان بىر ئىسىمنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
لايىھە ئىچىدىكى «ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تارانچى، ئۆزبېك، تاتار ۋە
تاجىككە ئوخشاش ئىسىملار قەبىلە ئىسمىدۇر. مىللەت ئىسمى ئەمەس»، دېگەنگە
مەنمۇ قوشۇلىمەن. «قەبىلە» دېگەن سۆزنى «قەبىلە مىللەت» دېسە ياخشى
بولاتتى. يەنە دەيدۇكى، «بۇ يەتتە قەبىلەنىڭ ئىرقى، دىنى، تىلى ۋە ئۆرپ ـ
ئادىتىنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى يوق. بۇلار بىر مىللەت يەنى تۈرك مىللىتى ۋە
شەرقىي تۈركىستان مىللىتىدۇر. بۇ ئىسىم، تۈركىستان ئاھالىسىنىڭ تارىخىي
ئىسمىدۇر.» بۈ سۆزلەرگە مەن قوشۇلالمايمەن. ئاساسەن تۈرك بىلەن ئۇيغۇرنى
ئارىلاشتۇرۇپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر كەلىمىسى چىننىڭ قەدىمكى
كىتابلىرىدىكى ئۇخۇ، ۋېيخۇ، خۇيخې دېگەن ئىسىملار بىلەن بىردۇر. ئۇيغۇر ۋە
تۈركلەر چىننىڭ سۇي ۋە تاڭ خانىدانلىرى زامانىدا بەك تەرەققى قىلغان ئىدى.
تۈركلەر تاڭلارغا قارشى ئىسيان قىلغان چاغلاردا ئۇيغۇرلار تاڭلارغا ياردەم
قىلغانىدى. بۇ ھالدا بىز قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلارنى تۈركلەرنىڭ بىرپارچىسى
دېيەلەيمىز؟
قازاقلار بەلكى سوۋېت ئىچىدىكى «كازاك» بىر مىللەتتۇر. بۇلار ئاتقا ياخشى
مىنىدۇ. بۇلارنىڭ كەلگەن يېرى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. مەن بىر قېتىم فۇيۈەن
(جىمسارر) دا ئولتۇرۇشلۇق بىرقانچە قازاق دوستلىرىمدىن سورىغانىدىم. ئۇلار
پەقەت موغۇلىستاندىن كەلگەنلىكىنىلا ئېيتتى. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارمۇ
موغۇلىستاندىن كەلگەنىدى. قازاقلارنىڭ كەلگەن يېرىنى ئېيتىش قىيىن. ئۇ
قازاق دوستلىرىم ئۆز ئاغزى بىلەن ماڭا، «بىز ئۇيغۇر بولمىغاندەك، تۈركمۇ
ئەمەس» دېگەنىدى.
قىرغىزلار بولسا، بىز ئۇلارنى «تاپشۇ» ناملىق كىتابتىكى «گۇكاس» دېسەك،
ئۇلار ئۇيغۇرلارغا قوشنا بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ موغۇلىستاندىن شىنجىياڭغا
كېتىشىدە گۇكاسلارنىڭ ئالاقىسى بار. ئەمما ئۇلار يەنىلا تۈرك ئەمەس.
تارانچىلار ئۇيغۇرلار بىلەن مىللەتداشتۇر. دېھقانچىلىق ئۈچۈن ئىلىغا كەلگەن
ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىچە ئاتىلىشىدۇر.
ئۆزبېكلەر كۆپرەك ئوتتۇرا ئاسىيا (بىزنىڭ قەدىمكى ماكانىمىز)دا، تاشكەنت ۋە
سەمەرقەنت ئەتراپىدا ئولتۇرىدۇ. ئۇلار ئولتۇرغان يەرلەر بولسا، تارىختىكى
دايۆجىلارغا ئوخشايدۇ. «يۆجى» دېگەن كەلىمىنىڭ ئوقۇلۇشىنى تەتقىق قىلىش
لازىم. ئىنگىلىزچىدە داۋاملىق
U»
» بىلەن يېزىلىدۇ. بىز ئۇلارنى دايۆجىلارنىڭ ئەۋلادى دېگەن ۋاقتىمىزدا،
ئۇلارنى تۈرك دېيىشىمىزگە ئورۇن قالمايدۇ. ئۇيغۇرلار كۆپرەك قارا كۆز
بولۇپ، ئۆزبېكلەرنىڭ كۆزلىرى بېغىر رەڭگە ئوخشايدۇ. مەن كۆپ ئۆزبېكلەرنى
كۆردۈم. ئۇلار بەك چىرايلىق. كۆزنى تەتقىق قىلغاندا، تەخمىنەن ھەممىسى
كۆككۆز بولغان تاتارلارنى بىز قانداقمۇ تۇرك دېيەلەيمىز؟ ئۇلار «بىز
موڭغۇل» دەپ ئىقرار قىلىشىدۇ. ئۇلار چىڭگىزخان بىلەن غەربكە يۈرۈش قىلىپ
جۇرجىيە (گۇرجىستان) دا ئورۇنلىشىپ، ئاق جىنسىلىقلار بىلەن ئارىلىشىپ
كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ ۋە بۇنىڭغا قانائەت قىلىدۇ.
تاجىكلارنى تۈرك دېيىش ئۈچۈن، كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم. تاجىك
ئىرانچە سۆزدۇر. ئۇلار ئەرەبلەرنى تاجىك دەيتتى. بۈگۈن شىنجىياڭنىڭ پۇلى
(تاشقورغان) ناھىيىسىدە كۆپتۇر. كاشغەردە ئازراق تاجىك بار. تاجىك تىلى
ئۇيغۇر تىلى بىلەن بىر ئەمەس، ئوتتۇرىدىكى پەرق چوڭدۇر.
پەقەت بۈگۈنكى تىل بىرلىكىگە قاراپلا قەدىمكى ئىرقى بىرلىكنى چىقىرىش
ئىلىمگە توغرا كەلمەيدۇ. ھالبۇكى، بۇ يەتتە قەبىلە مىللەتلىرىنىڭ تىلىمۇ
بىرئەمەس. ئۆرپ ـ ئادىتىنى تەتقىق قىلىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ تولىسى
دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولۇپ، قازاقلارنىڭ كۆپرەكى چارۋىچىلىق بىلەن
ھايات كەچۈرىدۇ. بۇ ھالدا قانداقمۇ ئۆرپ ـ ئادىتى بىر بولغان بولىدۇ؟
مېنىڭچە ئۇلارنىڭ ئۆرپ ـ ئادىتىدە ھېچقانداق ئوخشاشلىق يوق.
مەن
بۇرۇندىن شىنجىياڭنى، بولۇپمۇ شىنجىياڭلىقلارنى ياخشى كۆرىمەن. مەن
بىرقېتىم شىنجىياڭنى ساياھەت قىلغىنىمدىن كېيىن، شىنجىياڭغا يەنە بىرقېتىم
بېرىپ، ئۇ يەردىكى تۆت يېرىم مىليون قېرىنداشلار ئىچىدە بەك ئەدەبلىك،
نەپىس سەنئەتنى ياخشى بىلگەن كىشىلەر بىلەن بىرگە مەڭگۈ ھايات كەچۈرۈشنى
بىرمىنۇتمۇ ئېسىمدىن چىقارمىدىم. لېكىن مەن ھەممەيلەننىڭ سەنمىنجۇيىنىڭ ئەڭ
يۈكسەك ئارزۇسىنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىشىنى خالىمايمەن. لېكىن مەسىلە ئوتتۇرا
ياۋرۇپا ۋە بالقاندىكى 10 نەچچە ئاجىز مىللەتلەرنىڭ يەرلىك ئاپتونومىيە
تىلىگىنىدەك ئىلتىماسلارغا باغلىنىپ قالمىسۇن. ئەمەلىيەتتە چىنلىق بولسۇن،
موڭغۇل بولسۇن كىم ئاپتونومىيە تەلەپ قىلمايدۇ؟ لېكىن ئاپتونومىيە ناھىيە
بىرمىقياس بولۇپ، ئۆلكە بىر مىقياس بولماسلىقى لازىم. بولۇپمۇ ئىرق، تىل،
دىن دەپ بۆلۈنمەسلىك لازىم.
شىنجياڭ دېگەن ئىككى كەلىمىنى ئېلىپ ئۆلكە نامى قىلىش مېنىڭچە ئورۇنسىزدۇر.
شىن (يېڭى) كەلىمىسى بەك خاتادۇر. ئەگەر ئۇنى شىي (غەرب) ياكى گۇ (كونا)
كەلىمىسىگە ئۆزگەرتسە يەنى «شىيجياڭ» ياكى «گۇجياڭ» دېيىلسە بىرقەدەر
ياخشىدۇر. ئەڭ ياخشىسى بەك تەبىئىي بولغان «تيانشان ۋىلايىتى» دەپ
ئاتىلىشىدۇر. لېكىن مەن فارسچىدىكى «سىتان» كەلىمىسىنى ئېلىپ بىزنىڭ
ئۆلكىمىزنىڭ ئىسمىغا ئىلاۋە قىلىشقا قەتئىي رازى ئەمەسمەن.
سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا مەن «شىجى»(غەرب خاتىرىلىرى)، «خەنشۇ»(خەننامە)، «كونا
تاڭشۇ» (كونا تاڭنامە)، «يېڭى تاڭشۇ» (يېڭى تاڭنامە)دىن ئىبارەت بولغان تۆت
پارچە تارىخ كىتابىدا بەك ئوچۇق يېزىلغان سۆزلەرنى ئەسلىتىپ ئۆتىمەن:
ھۇنلار شاخۇشىينىڭ ئەۋلادى، ئۇيغۇرلار ھۇنلارنىڭ ئەۋلادىدۇر.
شۇنداق! تۈركىستانلىقلار تۈركتۇر
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا
(جۇڭياڭ رىباۋ، 1944 ـ 10 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى)
بۇ
يىل 21 ـ ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىستانلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن
ئاساسى قانۇن لايىھەسى ھەققىدە بېرىلگەن لايىھە ئېلان قىلىنغان ئىدى. لى
دۇڭفاڭ ئىسىملىك بىركىشى بۇنىڭغا قارشى «تۈركىستانلىقلار تۈركمۇ؟» دېگەن
ماۋزۇدىكى ماقالىسىنى 14 ـ ئۆكتەبىر كۈنى «جۇڭياڭ رىباۋ» (مەركەز گېزىتى)دا
ئېلان قىلدى. مەن تۈركىستانلىق يۇرتداشلار ئويۇشمىسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى
بولۇش سۈپىتىم بىلەن لى ئەپەندىنىڭ ماقالىسىغا جاۋاب يازماقچىمەن. بۇ
جاۋابىمنى پۈتۈن چىندىكى قېرىنداشلارغا ئېلان قىلىمەن.
تۈركىستانلىق يۇرتداشلارنىڭ بەرگەن لايىھەسى 19 ماددىدىن ئىبارەت ئىدى. لى
ئەپەندىنىڭ ماقالىسى بۇ 19 ماددىدىن 3 ماددىغا يەنى 1 ـ ماددىدىن 3 ـ
ماددىغىچىلا ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، مەن مۇشۇ ئۈچ ماددىنىلا ئوچۇق ۋە
تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن. شۇنداقلا بۇ 3 ماددىنى بىر ـ بىرلەپ كۆزدىن
كەچۈرىمەن.
1 ـ
تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلىش،
2 ـ
تۈرك مىللىتىنىڭ ئاپتونومىيىسىنى ئاساسى قانۇندا تولۇق ئېتىراپ قىلىش،
3 -
ئاساسى قانۇن لايىھەسىنىڭ 4 - ماددىسىدىكى «شىنجياڭ» سۆزىنى «تۈركىستان»
سۆزىگە ئۆزگەرتىش.
لى
ئەپەندى ماقالىسىنى يۇقىرىقى ئۈچ ماددا ھەققىدە يېزىپ، «تۈركىستانلىقلار
تۈركمۇ؟» دەپ سوئال سوراش بىلەن باشلىغانلىقى ئۈچۈن، مەنمۇ بۇ ماقالەمنى
«شۇنداق! تۈركىستانلىقلار تۈركتۇر» دېگەن جاۋاب بىلەن باشلىدىم.
لى
ئەپەندى: «ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بۇيرۇق بىلەن توختىتىشنى سوراۋاتامدۇ؟
مېنىڭچە بۇ بىر ئىلمىي مەسىلە بولۇپ، ھۆكۈمەتتىن سوراش لازىم ئەمەس ھەم
ھۆكۈمەتمۇ چۇڭچىڭدىكى بىر نەچچە شىنجىياڭلىقنىڭ پىكرى بىلەنلا 1 مىليوندىن
ئارتۇق بولغان قېرىنداشلار رازى بولمايدىغان، بەلكى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ
باقمايدىغان بىر ئىسىمنى ئۆزگەرتمەيدۇ» دەپ يازىدۇ. بۇ سۆزلەر، لى
ئەپەندىنىڭ تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقنىڭ تۈرك مىللىتى ئىكەنلىكىدىن
قىلچىمۇ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تۈركىستان خەلقىنى بۈگۈنلا تۈرك
ئاتىلىپ قالدى، دەپ خىيال قىلىپ قالمىسۇن! بۇ ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىن
قالغان ئىسىمدۇر. ئىلىم دۇنياسىدا بەك ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى تەكشۈرۈلۈپ،
پۈتۈن دۇنياغا تونۇلۇپ كەلگەن بىر نەرسىدۇر. مىلادىدىن 4000 يىل بۇرۇنقى
چاغدا ئۆتكەن يۇنان تارىخچىلىرى ھىرودوت، پىلىن ۋە ئۇلاردىن تېخىمۇ قەدىم
بولغان ھىندىستان ۋە ئىران كىتابەلىرى تۈركىستان ئاھالىسىنى «تۈرك مىللىتى»
دەپ ئاتاپ كەلگەن. چىننىڭ قەدىمكى تارىخ كىتابلىرىدىمۇ تۈرك ئىسمى
يېزىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا دوكتور سۇنياتسىن «سەنمىنجۇيى»نىڭ مىللىي مەسلەك
بابىدا تۈركىستانلىقلارنى «تۈرك» دەپ ئاتايدۇ. بىزنىڭ ھۆكۈمەتتىن تەلەپ
قىلىدىغىنىمىز، سەنمىنجۇيىنىڭ كىتابىدىكى مانا بۇ ئىلمىي ھەقىقەتنى ئېتىراپ
قىلىشتۇر. بۇ، پۈتۈن تۈركىستان ئاھالىسىنىڭ پىكرى بولۇپ، پەقەت يېڭىدىن
ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ئەمەستۇر. ئەگەر بۇنى يۇرتداشلار ئويۇشمىسىدىكى
بىرقانچە كىشىنىڭ پىكرى دەپ گۇمان قىلسا، بەك چوڭ خاتالاشقان بولىدۇ.
مۇنداق بىر ئىشنى تەلەپ قىلىش پەقەت تۈركىستانلىقلارنىڭلا ۋەزىپىسى بولۇپ
قالماي، بەلكى ئىلىمگە ھۆرمەت قىلىدىغان ھەر بىركىشىنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. ئەگەر
بىز بۇ تارىخىي ۋە ئىلمىي ئىسىمنى ئىنكار قىلساق، ئىلىمگە ھاقارەت قىلغان
ۋە تارىخقا سەل قارىغان بولىمىز ھەمدە دوكتور سۇنياتسىننىڭ ۋەسىيىتىنى
يولسىز تەنقىد قىلغان بولىمىز. تۈركىستان ― تۈركىستان مىللىتىنى تونۇتقان
ۋە ئۇلار ئۆز ئۆزىنى ئاتاپ كەلگەن ئىسىم بولۇپ، بۇنى ھۆكۈمەت ئاساسى
قانۇندا تونىسا، بۇ ھەم ئىلىمگە ھەم دوكتور سۇنياتسىننىڭ ۋەسىيىتىگە ئۇيغۇن
ۋە تەبىئىي ئىش بولىدۇ.
لى
ئەپەندى: «تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تارانچى، تاتار ۋە
تاجىك قاتارلىق يەتتە قەبىلىنى تۈرك مىللىتى دېگىلى بولمايدۇ» دەيدۇ ۋە
يەنە، «ئۇيغۇر بىلەن تۈركنى ئارىلاشتۇرغىلى بولمايدۇ» دەيدۇ. بۇ بەك خاتا
سۆزدۇر. چۈنكى ئۇيغۇر تۈرك مىللىتىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. بۇنى دۇنيا
ئالىملىرىمۇ شۇنداق تونۇيدۇ. موڭغۇلىستاننىڭ شىمالى، ئورخۇن دەرياسىنىڭ
غەربىدىكى قارابالغاسۇن شەھەر خارابىسىدىن 1892 ـ يىلى دانىيەلىك تومسۇن ۋە
1895 ـ يىلى رۇسىيەلىك رادلوف دېگەن ئالىملار بىر ئۇيغۇر ئابىدەسىگە
يېزىلغان خەتلەرنى ئوقۇپ دۇنياغا تارقاتقانىدى. بۇ خەتلەر ئورخۇن
دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى تۈرك ئابىدىلىرىنىڭ خېتى ۋە تىلىنىڭ ئۆز ئەينى ئىدى.
ئۇيغۇر كەلىمىسى تۈركچە بولۇپ، مەنىسى «ئىتتىپاقلاشقۇچىلار» دېمەكتۇر.
مىلادى 605 ـ يىلى تۈركلەردىن 15 قەبىلە بىرلىشىپ، ئۆزىگە شۇنامنى بەرگەن
ۋە شۇندىن بۇيان بۇلار «ئۇيغۇر» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. مانا بۇنىڭدا
ھېچقانداق شەك ـ شۈبھە يوق.
لى
ئەپەندى، «تۈركلەر تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا، ئۇيغۇرلار تاڭغا
ياردەم قىلغان. ئۇنداقتا، بىز ئۇيغۇرلارنى قانداق تۈرك دېيەلەيمىز»، دەيدۇ.
بۇ سۆز لى ئەپەندىنىڭ، تۈركلەرنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك مىللىتى
ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان سۆزدۇر. تاڭغا ياردەم قىلىش
بىلەن ئۇيغۇرلارنى تۈرك ئەمەس دېيىش مۇمكىنمۇ؟
قازاق بولسا، بۈگۈنكى رۇسىيەگە تەۋە بولغان غەربىي تۈركىستاندىكى بىرپارچە
كۆچمەن تۈركلەرنىڭ نامى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئىسىم بىلەن ئاتىلىش تارىخى 400
يىلدىن ئاشمايدۇ. قازاقلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى دۇنيا ئالىملىرى ئۇزۇندىن
بېرى ئېتىراپ قىلىپ كەلدى. مەسىلەن: تومسۇن، ۋىنگىرىيە ئالىملىرىدىن
ۋامبىرى ۋە نېمىس، رۇس ئالىملىرىدىن رادلوف ۋە بارتولد، ئىنگىلىز
ئالىملىرىدىن دېنىسۇن رۇز ۋە باشقا يۈزلەرچە ئالىملار قازاقنىڭ تۈرك
ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېتىراپ قىلىشتى.
لى
ئەپەندى، «قازاقلارنىڭ كەلگەن يېرىنى بۈگۈنگىچە تەيىن قىلىش قىين» دەيدۇ.
بىلمەيمەن، لى ئەپەندى قازاقلارنىڭ ئەسلى يەرلىرىنى تەيىن قىلىش ئۈچۈن
نەچچە يىل تەتقىق قىلغاندۇ؟ قازاقلارنىڭ كەلگەن يەرلىرىنى، ئۇلارنىڭ قاچان
بىزنىڭ تۈركىستانغا كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تارىخىنى ئازراق بىلگەن كىشى
بىلمەي قالمايدۇ. لى ئەپەندى بىرنەچچە بېشى قېيىپ قالغان ۋە دۇنيادىن
خەۋىرى يوق پادىچى قازاقلارنىڭ سۆزىنى ئۆزىچە ئىلىم ۋە پەنگە ئاساس قىلىپ
ئىلمىي تەتقىق قىلغان كىشى بولۇپ، ناھايىتى ئالدىراپ گېزىتتە ئېلان
قىلماقچى بولىدۇ. بۇ ھەرقانداق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىشتۇر.
قازاق كەلىمسى بولسا، خالىس تۈركچە بولۇپ، مەنىسى «قاچاق» دېمەكتۇر. بۇلار
موڭغۇل ھۆكۈمىتىگە ئىسيان كۆتۈرۈپ، يىراقلارغا كەتكەن خەلقتۇر. بۇنى قازاق
ۋە موڭغۇل تارىخلىرىدا يازىدۇ.
قىرغىزلار بولسا، لى ئەپەندى يازغىنىدەك قەدىمكى چاغدا ئۇيغۇرلارغا قوشنا
بولغاننىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ھۆكۈمىتىگە تەۋە خەلق ئىدى. كېيىنچە قىرغىزلار
ئۇيغۇر ھۆكۈمىتىگە ئىسيان كۆتۈرۈپ غەلىبە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تۈركىستانغا
كېتىشكە مەجبۇر قىلغانىدى. يەنە لى ئەپەندىنىڭ سۆزىگە كۆرە قىرغىزلار تۈرك
ئەمەسمىش. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، قىرغىزلار تۈركتۇر. چۈنكى يەنىسەي
دەرياسى بويىدىن تېپىلغان 1500 نەچچە يىللىق قەدىمكى قىرغىزچە يازمىلار
ئورخۇندىكى تۈركلەرنىڭ يېزىقى ۋە تىلى بىلەن ئوخشاشتۇر. قىرغىزلارنىڭ تىلى
ۋە ھايات شەكلى تۈركلەرگە پۈتۈنلەي ئوخشايدۇ. دۇنيادىكى ئانتولوجى (ئىنسان
تائىپىلىرىنى تونۇش ئىلمى) ئالىملىرىدىن قىرغىزلارنى تۈرك ئەمەس دەيدىغان
بىرمۇ كىشى يوق. قىرغىز كەلىمىسى ساپ تۈركچە كەلىمىدۇر.
تارانچىلار بولسا، تۈركىستاننىڭ يەرلىك ئاھالىسىدىن بولۇپ، مانجۇ
سۇلالىسىدىن چىيەنلۇڭنىڭ زامانىسىدا ئالتىشەھەر ۋە تۇرپان تەرەپلەردىن
ئىلىغا كۆچۈپ بارغانلاردۇر. تارانچى سۆزى قەدىمكى تۈركچىدە «دېھقان»
دېمەكتۇر. بۇلارنىڭ تىرىكچىلىكى دېھقانچىلىق بولۇپ، ئۇ يەردىكى تۈركلەردىن
ئايرىم تونۇلۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى «تارانچى» دەپ ئاتىغان ئىدى.
لى
ئەپەندى، ئۆزبېكلەرنى «ئېھتىمال دايۆجى (ياۋچى)لارنىڭ ئەۋلادى بولسا كېرەك»
دەيدۇ. بۇ سۆز، ئاساسسىز، قۇرۇق، خىيالى سۆزدۇر. ئەگەر لى ئەپەندىنىڭ
سۆزىنى توغرا دېسەك، مەلۇمكى، ياۋچىلار تۈركتۇر.
ئۆزبېكلەرنىڭ تۈرك ئىكەنلىكى ھەققىدە پۈتۈن ئالىملار ئورتاق پىكىردىدۇر.
چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇجى خان شەرقىي ياۋرۇپادا چوڭ دۆلەت قۇرغان. ئۇنىڭ
تۆتىنچى نەۋرىسى ئۆزبېك خاندىن باشلاپ بۇ دۆلەت «ئۆزبېك سۈلالىسى دۆلىتى»
دەپ ئاتالغان. ئۇندىن كېيىن ئۆزبېك سۇلالىسىدىن شەيبانى خان سەمەرقەندنى
ئېلىپ چوڭ بىر دۆلەت قۇرۇپ، سۇلالە نامى بولغان ئۆزبېك كەلىمىسىنى بۇ
دۆلەتكە تەۋە بولغان تۈركلەرگە ئىسىم قىلىپ قويغان ئىدى. مانا بۇنىڭ بىلەن
ئۇلار تۈرك مىللتىنىڭ بىرپارچىسىدۇر.
لى
ئەپەندى، «ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى قاراكۆز، ئۆزبېكلەر بوز ۋە كۆككۆز
بولىدىكەن. مەن بىرمۇنچە ئۆزبېكلەرنى كۆردۈم. ئۇلار بەك چىرايلىق ئىكەن»
دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ قاراكۆز، بوزكۆزلىكىدە ۋە
چىرايىدا پەرق يوقتۇر. قانداقلا بولسۇن، ئىلىم - پەندە مۇنداق مىللەت
ئايرىشقا يارىمايدىغان سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ، بۇلارنى ئايرىم كۆرسىتىشكە دەلىل
قىلىش پەقەت قۇرۇق خىيالدىنلا ئىبارەتتۇر. لى ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزىنىڭ
مەقسىتىنى چۈشىنەلمىدىم.
تاتارلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكى قەدىمدىن بېرى بىلىنىپ كەلگەن بىر ھەقىقەتتۇر.
نۇرغۇنلىغان تارىخ ئالىملىرى ۋە مۇتىخەسسىسلەر تەتقىقات نەتىجىسىدە «تاتار»
ئىسمىنىڭ بۇلارغا خاتا قويۇلۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، «قازان
تۈركلىرى» دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردى. «تاتار» دەپ ئاتالغان بۇ خەلق،
ئەسلىدە بۇلغار تۈركلىرىنىڭ ئەۋلادى ئىدى. بۇلغار تۈركلىرى بولسا، تۆتىنچى
ئەسىردىن بېرى ئىدىل (ۋولگا) ۋە قاما دەريالىرى بويىدا ياشىغان بولۇپ،
سەككىزىنچى ئەسىردە ئىدىل بويىدىكى بۇلغار شەھىرىنى مەركەز قىلىپ، بىردۆلەت
قۇرغانىدى. بۇ دۆلەتنىڭ خانى ئالماسخان 10 ـ ئەسىردە مۇسۇلمان بولغانىدى.
13 ـ ئەسىردە چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى باتۇخان بۇلغار دۆلىتىنى يوق قىلدى.
رۇسلار بۇلارنى خاتا ھالدا «تاتار» دەپ ئاتىغان ئىدى. بۇ تاتارلار
قەدىمدىن بۈگۈنگىچە قاما، ياتكا، يايىق (ئورال) ۋە تۇبۇل دەريالىرى بويىدا
ياشايدۇ. لى ئەپەندى، بۇلارنى «قافقاسيانىڭ جەنۇبىدىكى جۇرجىيەدە
ئورۇنلاشقان خەلق» دەيدۇ. بۇ، لى ئەپەندىنىڭ جۇغراپىيەدىن پەقەت خەۋەرسىز
ئىكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان چوڭ خاتالىقتۇر. تاتار (قازان تۈركلىرى)نىڭ
بەزىسىنىڭ رەڭگى ئاق، كۆزى كۆك بولۇشى، ئانتىرپولوگىيە
(مىللەتشۇناس)ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ھاۋا ۋە مۇھىت
تەسىرىدىن كېلىپ چىققان مەسىلە بولۇپ، ئاق جىنسىلىقلار بىلەن قان ئارىلىشىپ
قالغانلىقتىن ئەمەستۇر. چۈنكى ئۇلار ئۇزۇندىن بېرى رۇسلارنى بەكمۇ يامان
كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن قۇدا - باجا بولمايتتى.
تاجىك كەلىمىسى ئىرانچە ئەمەس تۈركچە سۆزدۇر. قەدىمكى چاغلاردا تۈركلەر
ئىران، ئافغان ۋە ئەرەبنى تاجىك دەيتتى. بۈ كۈنلەردە ئافغانىستان ۋە غەربىي
تۈركىستاندىكى فارسچە سۆزلەيدىغان بىرقىسىم خەلق «تاجىك» دەپ ئاتىلاتتى.
لېكىن بىزنىڭ تۈركىستاننىڭ ئىچىدىكى «تاجىك» دېيىلگەنلەر ئۇلاردىن ئەمەس.
بۇلار ئۆزلىرىنى ئەسلى ماكانلىرىدا تاجىك دېمەي ۋاخى دەيدۇ. بۇلار چاغاتاي
دەۋردە ياركەند ۋە كاشغەر تەرەپلەردىن قېچىپ چىقىپ پامىرنىڭ غەربىدىكى
ۋاخان دېگەن يەردە يەرلەشكەن تۈركلەردۇر. ئۇلار ئۇ يەرلەردە مۇستەقىل ھايات
كەچۈرگەنىدى. 1850 ـ يىلى ئافغانلار ۋاخاننى ئىشغال قىلغاندا، ئۇلارنىڭ
بىرقىسمى قېچىپ تاشقورغان، ياركەند ۋە گۇما تاغلىرىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان
ئىدى. ۋاخانلار 500 يىلدىن بېرى ئافغان، تاجىك ۋە ھىندىستانلىقلار بىلەن
بېرىش ـ كېلىش قىلىپ كەلگىنى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تىلى تۈركچە، ئافغانچە،
تاجىكچە ۋە ھىندچىدىن بىرلەشكەن بىر تىل ھالىغا كەلگەن. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ
ھەممىسى تۈركچىنى بىلىدۇ. مېنىڭ ۋاخاندا ئالتە ئاي تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق
قىلىشىم نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ تۈركلىكىدە ھېچقانداق گۇمانىم قالمىدى.
لى
ئەپەندى، «بۈگۈنكى تىل بىرلىكىگە قاراپ قەدىمكى مىللەت بىرلىكىنى ئىسپاتلاش
ئىلىم ۋە پەنگە توغرا كەلمەيدۇ» دەيدۇ. لى ئەپەندى بىلمەيدۇ. بىز تىل
بىرلىكىگە قاراپ تۈركىستاندىكى مىللەت بىرلىكىنى ئىسپات قىلغىنىمىز يوق.
يۇقىرىقى سۆزلىرىمدىن ئوچۇق مەلۇمكى، تىل بىرلىكىدىن مىللەت بىرلىكىنى
ئىسپات قىلىش بۈگۈنكى چىن ئالىملىرىنىڭ ئىشىدۇر، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا
ئىدى، بۈگۈنكى ئىچكى چىندىكى خەلقنىڭ بەك كۆپ مىللەتكە ئايرىلىپ كېتىشى
لازىم ئىدى.
لى
ئەپەندى، «تۈركىستاندىكى بۇ يەتتە مىللەتنىڭ تىلى بىر ئەمەس» دەيدۇ.
بۇلارنىڭ تىلىنىڭ بىر ياكى بىر ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تىلىنى
تولۇق بىلىش لازىمدۇر. ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن ئاڭلىۋالغان بىر ـ ئىككى ئېغىز
سۆزنى ئاساس قىلىپ مەيدانغا چىقىش، نەتىجىدە ئىنساننى خىجالەتتە قالدۇرىدۇ.
تۈركىستاندىكى بۇ يەتتە قەبىلىنىڭ تىلى بىردۇر. پەقەتلا قازاق، قىرغىز
بىلەن باشقا قەبىلىلەرنىڭ شىۋىسىدە پەرق بار بولۇپ، گەنسۇ بىلەن
سىچۋەندىكى شىۋە پەرقىدىن ئارتۇق ئەمەس.
لى
ئەپەندى، «ئۆرپ ـ ئادىتىنى تەتقىق قىلىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار دېھقانچىلىق
قىلىدۇ، قازاقلار چارۋىچىلىق قىلىدۇ. ئۇنداقتا قانداقمۇ ئۇلارنىڭ ئۆرپ ـ
ئادىتىنى ئوخشاش دېگىلى بولىدۇ؟ مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇلارنىڭ ئۆرپ ـ ئادىتىدە
ھېچقانداق ئوخشاشلىق يوق» دەيدۇ. بۇ سۆزدىن لى ئەپەندىنىڭ ھېچنەرسە
بىلمەيدىغانلىقى تۆۋەندىكى ئىككى نوقتىدا مەلۇم بولىدۇ:
1 ـ
ئۇيغۇرلار دېھقانچىلىقتىن باشقا چارۋىچىلىقمۇ قىلىدۇ، قازاقلارنىڭمۇ
دېھقانچىلىق قىلىدىغانلىرى ئاز ئەمەس.
2 ـ
لى ئەپەندى سانائەت بىلەن ئۆرپ ـ ئادەتنى ئايرىيالمايدۇ. ئولتۇرغان يەر ۋە
تەبىئىي مۇھىتنىڭ تەقەززاسىچە بولغان ھايات ئىشلىرى سانائەت دېيىلىدۇ.
ئولتۇرۇپ قوپۇش، كىيىم ـ كىچەك، يېمەك ـ ئىچمەك، توي ۋە ئۆلۈم مۇراسىمىدەك
ئىشلار ئۆرپ - ئادەت دېيىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن لى ئەپەندى ئۇلارنىڭ ئۆرپ ـ
ئادىتى بىر ئەمەس دېسە، ئۈ ئاساسسىز سۆز بولىدۇ. چۈنكى بۇ ياۋرۇپا
ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان مەسىلە دۇر.
لى
ئەپەندى، «ھەممىمىزنىڭ بىرلىكتە سەنمىنجۇيىنىڭ ئەڭ ئالىي تەلىۋى بويىچە
مېڭىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دەيدۇ. بىز بۇ سەنمىنجۇيىنىڭ يولى بىلەن چىن
جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي دۆلەت قۇرۇش غايىسى بولغان ئەسلى مەقسىتىگە
يېتىشىنى تىلەيمىز. ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى تۈركىستانلىقلار قوللاپ كەلدى.
ھېچقاچان باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا قالغىنى يوق. چىن خەلق پىرقىسىنىڭ ئىچكى
سىياسىتى ھەر بىر مىللەتنىڭ باراۋەرلىكىنى ھۆرمەت قىلىشتۇر. بۇ قېتىم
ئۇيۇشمىمىز تەرىپىدىن ئاساسى قانۇن ئۈچۈن بېرىلگەن لايىھە بولسا،
ئەمەلىيەتتە سەنمىنجۇيىنىڭ ئەڭ ئالىي غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت
ئىدى. لى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ لايىھەنىڭ ئىچىدە سەنمىنجۇيىنىڭ ئالىي
مەقسىتىگە توغرا كەلمەيدىغان يەرلەر بارمىش. لى ئەپەندى سەنمىنجۇيىنى
ياخشىراق ئوقۇپ، ئاندىن بىزگە ئۆگەتسۇن.
لى
ئەپەندى، «ئوتتۇرا ياۋرۇپا ۋە بالقانلاردىكى كىچىك مىللەتلەردەك يەر ئايرىش
ۋە ئاپتونومىيە تەلىۋىگە باغلىنىپ قالمايلى» دەيدۇ. مەلۇمكى، لى ئەپەندى
ئوتتۇرا ياۋرۇپا ۋە بالقانلارنى پەقەت بىلمەيدىكەن، ئاپتونومىيە بىلەن
مۇستەقىللىقنى ئايرىيالمايدىكەن. ئوتتۇرا ياۋرۇپا ۋە بالقان مىللەتلىرىنىڭ
تەلەپ قىلغان نەرسىلىرى مۇستەقىللىق ئىدى. بالقان مىللەتلىرىنىڭ
مۇستەقىللىقى 1878 ـ يىلقى مەشھۇر بېرلىن ئەھدىنامىسىدىن كېيىن تونۇلدى.
ئۇلاردا يەرلىك ئاپتونومىيە تەلىۋى دېگەن نەرسە يوق. بىز
تۈركىستانلىقلارنىڭ تەلەپ قىلغىنىمىز، ھېچقاچان ئۇلار تەلەپ قىلغان
مۇستەقىللىققا ئوخشىمايدۇ. تۈركىستانلىقلار چىندىن ئايرىلىش پىكرىدە ئەمەس،
بەلكى بۇلارنىڭ تەلەپ قىلغىنى جىيەنگو داگاڭ (دۆلەت تەشكىلاتى قانۇنى)،
گومىنداخۇي (بۈيۈك خەلق قۇرۇلتىيى) ۋە 8 ـ پىرقە قۇرۇلتىيىدا قوبۇل
قىلىنغان «ئاپتونومىيە» دىن باشقا نەرسە ئەمەس. لى ئەپەندى بۇنى دېمەي،
ياۋرۇپا ۋە بالقان مىللەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپلىرىنى
تۈركىستانلىقلارغا چاپلاپ، ئۇلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەرىكىتىگە قارا چاپلاش
ئۈچۈن ئوينىشىۋاتىدۇ. بۇنداق قىلىش ئەقىلسىز، كىچىك ئادەملەرنىڭ ئىشى
بولۇپ، تۈركىستانلىقلارغا ھاقارەت بولغاننىڭ ئۈستىگە، دۆلەتنى تەشكىل
قىلغان مىللەتلەر ئارىسىغا پىتنە سېلىشتۇر. مەن ھەم ھۆكۈمەت ئەزاسى بولۇش
ھەم مىللەتنىڭ بىر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنى لى ئەپەندىنىڭ ئۆزىگە
قايتۇرۇپ بېرىمەن.
لى
ئەپەندى، «ئاپتونومىيەنىڭ مىقياسى ناھىيە بولۇش لازىم، ۋىلايەتنىڭ
ئاپتونومىيە مىقياسى بولماسلىقى لازىم. ئۆرپ ـ ئادەت، تىل ۋە دىن بىرلىكىگە
قاراپ يەر ۋە چېگرا ئايرىماسلىق لازىم» دەيدۇ. بۇ ھەقتە مەن لى ئەپەندىدىن
تۆۋەندىكى تۆت سوئالنى سورىغاندىن كېيىن، قىسقىچە جاۋاب بېرىمەن.
1 ـ
سەنمىنجۇيى (ئۈچ مەسلەك) دىن مىللىي مەسلەكنى چىقىرىپ تاشلاپ «ئەرمىنجۇيى»
(ئىككى مەسلەك) قىلامسىز؟
2 ـ
جىيەنگو داگاڭ (دۆلەت تەشكىلات قانۇنى) نىڭ 4 ـ ماددىسىنى كۆيدۈرۈپ
تاشلامسىز؟
3 ـ
گومىنداخۇي ۋە 8 ـ پىرقە قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان قارارلارنى ئىنكار قىلىش
ياكى ئۇلارنى كېرەكسىز قىلىپ تاشلاش لازىممۇ؟
4 ـ
ناھىيسى بولمىغان موڭغۇل ۋە تىبەت ئاپتونومىيىسىنىڭ مىقياسى نېمە بولىدۇ؟
بىردۆلەتنىڭ تەشكىل بولۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتى زېمىنىنىڭ پۈتۈن بولۇشىدۇر.
بىردۆلەت ئىچىدە بىرقانچە تۈرلۈك ئاپتونومىيە بولۇشىنى ئايرىمچىلىق، دەپ
بىلىش سىياسەتتىن ۋە خەلقئارا قانۇندىن ھېچ نەرسە بىلمىگەن كىشىلەرنىڭ
خىيالىدۇر. ھەرقانداق ئاپتونومىيەلىك يەر داۋاملىق تەۋە بولغان دۆلەتنىڭ
بىر پارچىسىدۇر. بۇ پۈتۈن دۇنيادا بار بولغان مەسىلەدۇر. مەسىلەن، كۆز
ئالدىمىزدا ھىندىستاندا بىرنەچچە تۈرلۈك ئاپتونوزمىيەلەر بار. لېكىن ھېچ
قايسىسى ھىندىستان ھۆكۈمىتىدىن ئايرىم دېيەلمەيدۇ. دۇنيادا بۇنداق مىساللار
بەك كۆپ.
لى
ئەپەندى، «تۈركىستاننىڭ «شىنجاڭ» دېگەن ئورۇنسىز ئىسمىنى ئېلىپ تاشلاپ،
ئۇنىڭ ئورنىغا «شىجىياڭ» (غەربى يەر) ياكى «گۇجاڭ» ۋەياكى «تىيانشان سىڭ»
(تىيانشان ۋىلايىتى)» قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتاشنى سوۋغا قىلىدۇ.
بىز
تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۇزۇندىن بېرى تەلەپ قىلغىنىمىز، پۈتۈن دۇنيا تونۇغان
«تۈركىستان» دېگەن ئىلىم - پەنگە ئۇيغۇن بولغان ئەسلى نامىمىزنى چىن
ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنى رەسمى تونىسۇن ۋە ئۆزىمىزنىڭ تارىخىي ئىسمىمىزنى
قوللانسۇن، دېمەكتۇر. يېڭىدىن باشقا ئىسىمغا ئۆزگەرتىش ئەمەس. «شىنجاڭ»
دېگەن نام بولسا، مانجۇ ھۆكۈمىتىدىكى زوزۇڭتاڭنىڭ زالىم ۋە مۇستەبىتلىكىنىڭ
يادىكارىدۇر. مۇنداق كونا مۇستەبىت سىياسەتنىڭ قالدۇقى بولغان ئىلىم
دۇنياسىدا تونۇلمىغان ئىسىمنى بۈگۈن دېمۇكراتىك ۋە خەلق ھۆكۈمىتى دەۋرىدە
ئىشلىتىش لايىق ئەمەس. لى ئەپەندىنىڭ چوڭ سوۋغىتى بولغان يۇقىرىقى ئۈچ خىل
ئىسىم بولسا زوزۇڭتاڭچە ئىسىملاردۇر. بىز بۇ ئىسىملارنى ئېھتىرام بىلەن لى
ئەپەندىنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىمىز.
«سىتان» كەلىمىسىگە كەلسەك، بۇ كەلىمىنىڭ نېمىچە بولغانلىقى ھەققىدە
مۇنازىرىلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق. لېكىن تۈركىستان سۆزىدىن بۇنى ئايرىش
مۇمكىن ئەمەس. بۇنى لى ئەپەندىنىڭ قوبۇل قىلىشى ياكى قىلماسلىقىنىڭمۇ
ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق.
لى
ئەپەندى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، «ئىشەنچىلىك تارىخىي كىتابلاردا ھۇنلار
شاخۇشىينىڭ ئەۋلادى، ئۇيغۇرلار ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى دەپ يازىدۇ» دەيدۇ. لى
ئەپەندى تارىخنى تېخىمۇ ئوقۇسا، تۈركلەرنىڭمۇ ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى
ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ ۋە بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر بىلەن تۈركلەرنى بىر ئەمەس،
دەپ خاتالاشمايدۇ.
يەنە ئېيتىمەنكى، تۈركىستانلىقلارنى تۈرك دېيىش لايىق ئەمەس، شىنجياڭ
ئۆلكىسىنىمۇ «تۈركىستان» ئاتاش توغرا ئەمەس
لى
دۇڭفاڭنىڭ ئىككىنچى ماقالىسى (جۇڭياڭ رىباۋ، نۇيابىرنىڭ 2 ـ 3 ـ كۈنلىرى)
«تۈرك» سۆزى پەقەتلا تىلشۇناسلىق ئىلمىگە ئائىتتۇر. ھېچقانداق ئىرقى مەنىسى
يوق. پۈتۈنلەي تۈركىي تىللار بىلەن سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر ھەققىدە قەتئىي
بىر نەرسە دېيىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلاردا مەدەنىيەت، دىن، ۋۇجۇد بىرلىكى
يوقتۇر. بۇ سۆزنى دوكتور بوكسىتون (D.Buxton)
مۇ قۇۋۋەتلەيدۇ.
شىنجياڭلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى دائىمىي ئەزاسىدىن ئەمىن ئەپەندى مەن
يازغان «شىنجياڭلىقلار تۈركمۇ؟» دېگەن ماقالەمگە قارىتا بىر نەرسە يېزىپتۇ.
مەنمۇ ئۆز تەتقىقاتىمنى ھۆرمەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويىمەن:
ئەمىن ئەپەندى، «تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلق تۈرك مىللىتىدۇر. تۈرك كەلىمىسى
تۈركىستاندىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ تارىخىي ۋە ئەسلى ئاتىلىشىدۇر. ئىلىم
دۇنياسى تەرىپىدىن ئۇزۇندىن بېرى تەتقىق قىلنىپ، ئېتىراپ قىلىنغان. تاكى
مىلادىدىن 4000 يىل بۇرۇن يۇنان ئالىمى ھىرودوت، پىلىن ۋە ئۇنىڭدىن تېخىمۇ
بۇرۇن ئۆتكەن ھىند ۋە ئىران تارىخچىلىرى تۈركىستاندىكى خەلقنى «تۈرك»
دەيتتى. چىننىڭ قەدىمكى تارىخلىرىدىمۇ شۇنداق سۆزلەرنى يازىدۇ» دەيدۇ.
ئۇ
بۇ سۆزلەرنى بەك قەتئىيلەشتۈرۈپ ئېيتىدۇ. پەقەت يەرلىك كەلىمىسىنى كۆپۇل
خالىغان بويىچە ئىشلەتمەسلىك لازىم. بىز بۈگۈنگىچە بىرمۇنچە مەدەنىي
مىللەتلەرنى تارىخىدا «يەرلىك» (Autochtone)
دەپ قەتئىي ئېيتالمايمىز. پەقەتلا پالانى ئىنساننىڭ پالانى يەردە تاش دەۋرى
ۋە ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن ياشىغانلىقىنى قەتئىي بىلسەكمۇ «يەرلىك» دەپ
ئېيتالمايمىز.
تۈركلەر ھۇنلارنىڭ ئەۋلادىدۇر. ئەسلىدە ئۇلار شەرقىي موغۇلىستاننىڭ شىمال
تەرەپلىرىدىكى ئورخۇن دەرياسى بويىدا ئولتۇراتتى. ئۇلار شەرقىي
موغۇلىستاننىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن شىنجياڭنىڭ يەرلىك
ئاھالىسى ئەمەس. تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرىگە دەسلەپ تۈرك ئىسمى بېرىشى مىلادى 5 -
ئەسىردىن كېيىن يەنى بۈگۈندىن ئاران 1500 يىل بۇرۇن بولغان. مىلادى 433 -
يىللىرى ئۇلار جۇجان دۆلىتىگە تەۋە بولۇپ، گەنسۇنىڭ شەندەن ناھىيەسى يېنىدا
ئولتۇراتتى. ئۇيەردە بىراقلا ئېگىز چىقىپ كەتكەن بىر «تۆپە» بار بولۇپ،
شەكلى قالپاققا ئوخشايدۇ. بۇنىڭ يەرلىك ئىسمى «تۇچيۇ»دۇر. تۈرك
مىللىتىنىڭ ئىسمى ئەنە شۇنىڭدىن كەلگەن. مىلادى 423 ـ يىلى چىن تارىخىدا
جەنۇب ۋە شىمالى سۇلالىلەر دەۋرىدىكى سۇڭ ھۆكۈمدارى ۋېندىنىڭ 10 ـ يىلىغا
توغرا كېلىدۇ.
بۇنىڭدىن 112 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تۈركلەر چوڭىيىپ جۇجانغا ئىسيان كۆتۈرۈپ
ئۇنى يوق قىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بىرقىسمى ئايرىلىپ شىنجياڭدىكى
تىيانشان (تەڭرىتاغ)نىڭ شىمالىغا كىرىدۇ. مەلۇمكى، تۈركلەر قەتئىي شىنجياڭ
خەلقى ئەمەس.
شۇنداقلا ئۇيغۇرلارمۇ شىنجياڭنىڭ يەرلىك خەلقى ئەمەس. گەرچە ئۇيغۇرلار
تۈركلەر بىلەن بىر ھۇن ۋە شاخۇشىنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ بۇ ئىككىسىنى
ئارىلاشتۇرىۋەتمەسلىك لازىم. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئەسلىدە سېلىنگا دەرياسى
ئەتراپىدا ئولتۇراتتى. ئۇيغۇرلار چۆلنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇرۇپ تۈركلەردىن
كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىغا ۋارىس بولۇپ كۈچلەنگەن ئىدى. مىلادى 9 - ئەسىرنىڭ
ئوتتۇرىلىرىدا (تاڭ سۇلالىسىنىڭ ۋېن زۇڭ زامانىسىدا) قىرغىزلار تەرىپىدىن
مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۈچ پارچىغا بۆلۈنۈپ، غەرب تەرەپكە كۆچۈپ،
بىرقىسمى ئىلى، بىرقىسمى تۇرپان ۋە بىرقىسمى گەنسۇدىكى جاڭې (گەنجۇ)غا
كىرىپ ئورۇنلاشتى. ئۇلارنىڭ شىنجياڭغا كېلىشى 200 يىل كېيىن بولغان. بۇلار
شىنجياڭنىڭ يەرلىك خەلقى سانالماسلىقى تەبىئىيدۇر.
ئەمىن ئەپەندى، »مىلاددىن 400 يىل بۇرۇنقى ھىرودوت، پىللىن ۋە ئۇنىڭدىن
تېخىمۇ بۇرۇنقى ھىندىستان ۋە ئىران تارىخچىلىرى تۈركىستان ئاھالىسىنى تۈرك
دەيتتى« دەيدۇ. ھىرودوت كەلىمىسىدە ئەمىن ئەپەندى بىر ”ا“ ھەرپىنى ئارتۇق
يازغان ئوخشايدۇ. بۇ قەدىم يۇنان تارىخچىسى ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىدىن 1000 يىلدىن
ئارتۇق مۇددەتتىن كېيىن شىنجياڭدا تۈركلەر ئولتۇرىدۇ، دەپ تەخمىن قىلىشى
مۇمكىنمۇ؟ بۇ گۇمانلىق مەسىلىدۇر. يۇنانچىنى ئوبدان بىلىدىغان پروفېسسور
چىڭگاڭدىن سورىغانىدىم، ئۇ دېدىكى، ھىرودوتنىڭ يازغان تارىخلىرىدا تۈرك
كەلىمىسى يوق. يۇنان تارىخچىلىرى ئىچىدە پىلىن دېگەن بىر كىشىمۇ يوق. روما
تارىخچىلىرىدىن پىلىنى (Pliny)
نىڭ بۇزۇلۇشى بولۇشى مۇمكىن. پىلىنى ناملىق ئىككى كىشى بارئىدى. بىرى يەنە
بىرىنىڭ تاغىسىدۇر. چوڭ پىلىنى فىزىكىچى، كىچىكى تارىخچى ئىدى. تارىخچى
پىلىنى مىلادىنىڭ 61 ـ يىلى تۇغۇلۇپ، 112 ـ يىلىدا ئۆلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ
ئۆلۈمىدىن 400 يىل كېيىن شىنجياڭغا تۈركلەر كېلىپ ئورۇنلىشىشى توغرۇلۇق بىر
نەرسە دېيىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن.
ئەمىن ئەپەندى، «بۇنىڭدىن تېخىمۇ بۇرۇنقى ھىندىستان ۋە ئىران تارىخچىلىرى
تۈرك دەيتتى ھەم چىننىڭ قەدىمكى تارىخلىرىدا شۇنداق يازىدۇ» دەيدۇ. بىز
پەقەت ئەمىن ئەپەندىنىڭ بۇ تارىخچىلارنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرىشىنى
سورايمىز. ئىسمىنى دەپ بەرسە، ئاندىن ئىزاھلايمىز.
شىنجياڭ خەلقى سايلىغان ۋەكىللەر ئۈرۈمچىدە بىرنەچچە قۇرۇلتايغا قاتناشتى.
بۇ قۇرۇلتايلاردا شىنجياڭدىكى 14 مىللەت ياكى ئايماقلارنىڭ ئىسىملىرى ئوچۇق
قارار قىلىندى. پەقەتلا «تۈرك مىللىتى» دېگەن سۆزنىڭ پۈتۈن ۋىلايەتتە ياكى
بىرەرسىدە ئاھالىنىڭ ئىسمى بولسۇن، دەپ تەكلىپ قىلىنغىنى يوق. يەنە تېخىمۇ
ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېيتىمىزكى، پۈتۈن شىنجياڭ ۋىلايىتىدىكى ئاقارتىش
ئۇيۇشمىسنىڭ رەئىسى لى داپۇ، ئىلى ئۇيغۇر ئاقارتىش ئويۇشمىسىنىڭ باش ئەزاسى
ھۈسەين ئەپەندى، كاشغەر دوختۇر خانىسىنىڭ مۇدىرى ئەھمەد ئەپەندى، ياركەند
چوڭ ئاخونى ئەلەم ئەپەندى، كوچا ئىشچى ۋە تىجارەتچىلەر جەمئىيىتى رەئىسى
ئىسمائىل ئەپەندى ۋە باشقا كۆپلىگەن زىيالىلار ۋە ۋەكىللەر مەن بىلەن
سۆزلەشكەن ۋاقتىدا «تۇچيۆ» ياكى «تۈرك» ئىكەنلىكىنى ئېيتمىدى. ئەمىن
ئەپەندى ئۇلارغا خەت يېزىپ سوراپ باقسا بولىدۇ.
بىزنىڭ دىققىتىمىزگە سەۋەب بولغىنى شۇكى، مەركەزنىڭ بىر ئىدارىسىدىن
بىرنەچچە ئېلاننى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ شىنجياڭدىكىلەرگە ئەۋەتكەن ئىكەن.
ئۈيەردە ھېچ كىشى ئوقۇيالماي «پەقەت بۇنىڭ خېتىنىلا ئوقۇيالايمىز (فرانسۇز
ياكى ئىنگىلىسچە تاماكا ماركىسىنى ئوقۇغاندەك) لېكىن مەنىسىنى
چۈشىنەلمەيمىز» دېيىشىپتۇ. كېيىن ۋىلايەت پىرقە ئىدارىسىدىكى ليوبىڭ ئۇيغۇر
چىغا تەرجىمە قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئوقۇيالاپتۇ.
ئەمىن ئەپەندى، كۆپ يەرلەردە سەنمىنجۇيى ۋە زۇڭلىدىن سۆزلەيدۇ. مەن
سەنمىنجۇيىدا، شىنجياڭ ۋىلايىتىنىڭ «تۈركىستان» نامىغا ئالماشتۇرۇلۇشىنى
ياكى شىنجياڭ ۋىلايىتىدىكىلەر ئايرىم بولۇپ، باشقا ۋىلايەتتىكىلەر بىلەن
بىر بولماي «بىز تۈرك مىللىتى» دېگەندەك سۈرەت بىلەن ئېيتقان ئاپتونومىيە
سۆزىنى كۆرمىدىم.
ئەمىن ئەپەندى، «قارا بالغاسۇننىڭ يېنىدىن بىر قەدىمكى ئۇيغۇر ئابىدىسى
چىقتى. ئۇنىڭ خېتى ئورخۇن دەرياسىنىڭ شەرقىدىن چىققان تۈرك ئابىدىلىرى
بىلەن بىر» دەيدۇ. بۇ، ئەمىن ئەپەندى مۇنداق كېسىپ سۆزلەيدىغان قانداق
ئابىدە ئىكەن؟ مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇ يەردە بىردانە توققۇز ئايماق ئۇيغۇر
ئابىدىسى بار. بۇنىڭ ئۈستىدە چىنچە، مانىچە ۋە تۆت بۇرجەكلىك تۈركچە بولۇپ
ئۈچ خىل خەت بار. مەزمۇنى كۆپىنچە مانى دىنىنىڭ تەشۋىقاتىدىن ئىبارەت.
ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركچە تۆت بۇرجەكلىك ئابىدە ياسىشى، ياپۇنلارنىڭ چىنچە تۆت
بۈرجەكلىك ئابىدە ياسىغىنىغا ئوخشايدۇ ھەم تۈركلەرنىڭ تۆت بۈرجەكلىك
خەتلىرىنىڭ ئەسلى ئېلىپبە دۇر.
قازاقلار ھەققىدە كۆپ توختالمايمەن. ھەقىقەتەن ئومۇمىي قارىغاندا بۇ
ھەقتىكى تەتقىقاتىمىز يېتەرلىك ئەمەس. مەن بىلمەيمەن، ئەمىن ئەپەندى قانچە
يىل ۋە قانچە قېتىم تەتقىق قىلغاندۇ؟ قەتئىي ئېيتىدۇكى، قازاق «قاچاق»
كەلىمىسىدىن كەلگەنمىش. قازاقلار گەرچە ئالتاي تىل گۇرۇپپىسىغا ئائىت
بولسىمۇ ۋە تۈركچىگە ئوخشاش بىرخىل تىل ئىشلەتسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ تۈرك
ئىكەنلىكىگە رازى بولمايدۇ. مېنىڭ ئالغان گۇۋاھلىقىم پەقەت پۇيۋەندە
ئولتۇرۇشلۇق بىرقانچە پادىچىلار ئەمەس، بەلكى ئولارنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق
ئويۇشمىسىنىڭ باش ئەزاسى مۇخبە ئەپەندىمۇ بار. مۇخبە ئەپەندىنىڭ ئەخلاقى
ۋە مەلۇماتىغا ئىشىنىمەنكى، بۇنىڭدا ئەمىن ئەپەندىنىڭ بىتەرەپلىكى بولسا
كېرەك.
بىز
كەمتەر بولۇشىمىزلازىم. تاۋۇشى بىر بولۇپ، يېزىلىشى بىر بولمىغان
نەرسىلەرنى بىر دەپ خىيال قىلىپ، ئۇنى مىللەت نامى ۋە يەر ئىسمى ياساشقا
ھاجەت يوق.
برىتانىيە ئېنسىكلوپېدىيەسىنىڭ 14 ـ نەشرى 12 ـ جىلدنىڭ 202 ـ بېتىدە،
«قازاقلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئەڭ قەدىمكى ۋەسىقە ئىرانلىق پىردەۋسىنىڭ
ئەسىرىدۇر» دېيىلىدۇ. ھەربەر ستايىن (1486 ـ 1566 - يىللار) بۇلارنى تاتار
دەيدۇ. ئۇلار چىڭگىز خانغا ئەگىشىپ كېلىپ، كېيىن ئالتۇن ئوردۇ خانلىقىغا
تەۋە بولغان. ئالتۇن ئوردۇ قەبىلىلىرى بولغان چىپچا (قىپچاق)، نايمان،
قۇڭرات، جىلايىر ۋە قانقىل دېگەن قەبىلىلەرگە ئوخشاش ئىسىملەرنى قازاق
قەبىلىلىرى ئارىسىدىنمۇ تېپىش مۇمكىندۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇلارنى موڭغۇل
دېيەلمىگەندەك، تۈركمۇ دېيەلمەيمىز. شۇنىڭدەك كەلگەن يەرلىرىنىمۇ
مۇئەييەنلەشتۇرۇش قىيىن، دەپ قارايمەن.
قىرغىزلارنىڭ گوگاش ياكى جىگاس ئىكەنلىكىنى ئەمىن ئەپەندىمۇ قوبۇل قىپتۇ.
ئەمما جىگاسلارنىڭ تۈركچە تىل ئىشلىتىپ - ئىشلەتمىگەنلىكى بىر مەسىلە
بولغىنىدەك، ئۇلارنىڭ تۈرك بولۇپ - بولمىغانلىقى يەنە بىر مەسىلىدۇر.
تارانچى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئالدىنقى ماقالەمدە
يازغانىدىم. لېكىن ئۇلارنىڭ تۈرك ياكى تۈرك ئەمەسلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك
بولۇپ - بولمىغانلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكى تەبىئىيدۇر.
ئەمىن ئەپەندىچە، ئۆزبېك ئىسمى چىڭگىز خاننىڭ نەۋرىسى ئۆزبېك خاندىن
كەلگەنمىش. ئەمما ئەمىن ئەپەندى بۇ نەۋرىنىڭ خان بولۇشىدىن بۇرۇنقى بالىلىق
ئىسمىنىڭ ئۆزبېك بولغانلىقىنى ۋە چىڭگىز خانىدانىدىن بۇرۇنمۇ ئۆزبېك
كەلىمىسىنىڭ بارلىقىنى ئىسپات قىلسا، ئاندىن بۇنىڭغا ئىشىنەلەيمىز. مەن
ئۇلارنى يۆچىلارنىڭ ئەۋلادى دېگەندىن كېيىن، ئەمىن ئەپەندى، بۇلارنىڭ تۈرك
ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. دېمەك، ئۇ ھالدا قانداقچە تۈرك بولىدۇ؟
ئەمىن ئەپەندىچە، تاتارلار خالىس بۇلغارىيىلىكمىش. ئۇنداقتا قانداق تۈرك
بولىدۇ؟ ئەڭ ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، ئەمىن ئەپەندى، «تاتارلارنىڭ يۈزى
ئاق ۋە كۆزى يېشىل بولغانلىقىنى ئانتروپولوگىيە ئالىملىرى مۇھىت ۋە ھاۋا
تەسىرىدىن بولىدۇ دەيدۇ. ئۇلارنىڭ قىنى ئارىلاش ئەمەس» دەيدۇ. ئىنسان
كۆزىنى يېشىللاشتۇرالىشى ئېڭى ئەمىن ئەپەندىنىڭ ئىجادى بولۇپ،
ئانتروپولوگىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ئەمەستۇر.
تاجىك كەلىمىسىنىڭ تۈركچە بولماي فارسچە ئىكەنلىكىنى ئەمىن ئەپەندى
ئاتاقلىق ئىسلام تارىخچىسى بەي شۈيى ئەپەندىدىن سورىسۇن. مەن بۇنى ئۇنىڭ
ماقالىسىدىن ئالغان. ئەمىن ئەپەندى ئالتە ئاي ۋاخاندا ئولتۇرۇپ قىلغان
تەجرىبەسىدە شىنجياڭ پۇلى (تاشقورغان) ناھىيىسىدە ئولتۇرۇرشلۇق تاجىكلارنىڭ
ئەرەب ئەمەسلىكىگە قارار بېرىپ، بۇلارنى ئۆز يۇرتىدا تاجىك دېمەي ۋاخى
دەيدۇ. بۇلار چاغاتاي دۆلىتى دەۋرىدە ياركەند ۋە كاشغەردىن بېرىپ پامىرنىڭ
غەربىدىكى ۋاخان دېگەن يەردە ئولتۇراقلاشقان ئىدى، دەيدۇ.
مەن
بۇنى تەقدىرلەيمەن. لېكىن ئەمىن ئەپەندى سۆزلەپ كېلىپ، ھېچقانداق سەۋەب
كۆرسەتمەي تۇرۇپ ئۇلارنى تۈرك دەيدۇ. مېنىڭچە بۇ بىر تەرەپلىمىلىك سۆزدۇر.
بىزنىڭ بىلىشىمىز لازىمكى، ئۇ ئېگىز پامىرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان ۋاخىلەر
شىنجياڭنىڭ كونا شىۋىسىنى ساقلاپ قالغان. تۈركلەرنىڭ شىنجياڭغا كېلىشىدىن
قانچە يىل بۇرۇنقى ئىز ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. بەزىلەر بۇنى كۇچادىكى ياغاچ
ئەسەرلەر ئۈستىدىكى تۇلى يېزىقىغا يېقىن ئىكەنلىكىنى يازىدۇ. تېخى
مۇقىملاشمىغان بىر ھالدا بىز نېمىگە ئاساسەن قەتئىي سۈرەتتە تۈركچە،
ئافغانچە، فارسچە، ھىندىستانچىدىن مۇرەككەپ بولغان تىل دېيەلەيمىز؟
مەن
ھەمىشە شۇنداق پىكىردىمەنكى، شىنجياڭلىق قېرىنداشلار ئىرقى مەسىلە ھەققىدە
تېخىمۇ بىتەرەپلىك بىلەن تەپسىلىي تەتقىق قىلىشلىرى لازىم. بۇ ئىلمىي
مەسىلە بولۇپ، بۈگۈن بۇنى قانۇن ئاساسىدا قەتئىي سۈرەتتە قارارلاشتۇرۇش
لازىم ئەمەس.
ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تارانچى، ئۆزبېك ۋە تاجىك قاتارلىق يەتتە قەبىلە ۋە
ئايماقنىڭ ھەممىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ بىر تۈرك دەپ، بىر تۈرك مىللىتى نامىنى
ئىجات قىلىشتىن كۆز يۇمۇپ، ئەمىن ئەپەندى دېگەندەك شىنجياڭ ئاھالىسى پەقەت
يەتتە مىللەتتىنلا ئىبارەت بولماي، ئەمەلىيەتتە باشقىلارغا قارىغاندا
چوڭراق بولغان 14 قەبىلە ياكى ئايماق بارلىقىنى ئۇنۇتماسلىقى لازىم. يەنى
شىنجياڭدا يەتتە مىللەتتىن باشقا چىنلىق، موڭغۇل، تۇنگان، ئۇرۇس، شىۋە،
سۇلۇن ۋە مانجۇ قاتارلىق مىللەتلەرمۇ بار. تۈرك دېگەن بىر كەلىمە بۇلارنىڭ
ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسا كېرەك.
ئەمىن ئەپەندى يەنە، «تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆرپ ـ ئادىتىنىڭ
بىرلىكىنى ياۋرۇپا ئالىملىرى ئىسپاتلىماقتا» دەيدۇ.
ئەپسۇسكى، بۇ ياۋرۇپا ئالىملىرىنىڭ ئىسىملىرى كۆرسىتىلمىگىنى ئۈچۈن، بۇنى
تەتقىق قىلالمىدۇق. ئەمىن ئەپەندى دېگەندەك، قازاقلارنى تۈرك دەيدىغان
ياۋرۇپا ئالىملىرى مىڭلارچە بارمىدۇ؟ شىنجياڭ مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان
پۈتۈن ياۋرۇپا ئالىملىرى نەچچە يۈز ياكى نەچچە مىڭدۇ؟
مەن
شىنجياڭلىق قېرىنداشلارنىڭ كۈندىن - كۈنگە بەخىتلىك بولۇشىنى ئۈمىد
قىلىمەن. باشقا ئۆلكىلەردىكى قېرىنداشلاردىن شىنجياڭدىكى قېرىنداشلارنىڭ
تېخىمۇ بەخىتلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. چۈنكى مەن شىنجياڭنى باشقىچە
ياخشى كۆرىمەن. ھەركىشى ئاپتونومىيىنى خالايدۇ. لېكىن ناھىيە بىرلىك بولۇش،
ئۆلكە بىرلىك بولماسلىقى لازىم.
بولۇپمۇ قان، تىل ۋە دىن باھانىسى بىلەن يەر ئايرىپ بالقان ۋە ئوتتۇرا
ياۋرۇپادىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇۋەپپىقىيەتسىز يولىنىڭ ئارقىسىدىن
ماڭماسلىق لازىم. ئوتتۇرا ياۋرۇپا ۋە بالقان مىللەتلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى
پەقەت بىلمىسەممۇ، ئەمەلىيەتتە ئەمىن ئەپەندى ئېيتقاندەك بېرلىن
ئەھدىنامىسى بىلەن پۈتكەن ئەمەس. ئاخىرى ۋىرسال ئەھدىنامىسىدىن كېيىن،
ئوتتۇرا ياۋرۇپا ۋە بالقاندا 20 دىن ئارتۇق ئازسانلىق مىللەتلەر بولۇپ،
نوپۇسى 60 مىليونغا يېقىن ئىدى . 1930 ـ يىلقى ئىستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا،
چىخىسلوۋاكىيەدە 14729536 كىشىنىڭ ئىچىدە 4978000 ى ئازسانلىقمىش.
ئۇلاردىن ھىنلايىننىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا گېرمانلارنىڭ ئاپتونومىيە تەلىۋى
قوزغالغان چاغدا ھېتلېر بۇنى باھانە قىلىپ چىخىسلوۋاكىيەنىڭ يىقىلىشىغا
سەۋەب بولدى. بۇلار بۈگۈنگىچە مۇستەقىللىقىنى ئالالمىدى. گېرمانلاردىن
باشقا مۇراۋلار، سۇدېتلەر ۋە لەھلەر (پولياپلار) مۇ ھىنلايىننىڭ كەينىگە
كىرىپ چىخىسلوۋاكىيەگە نۇرغۇن ئېغىرچىلىق كەلتۈردى.
چىن
ھۆكۈمىتى سەنمىنجۇيىنى ئىجرا قىلىدىغان ھۆكۈمەتتۇر. ئۇ پەقەت داخىلدىكى
ھەرمىللەت ياكى ئايماقنىڭ باراۋەرلىكىنى تونۇش بىلەنلا قالماي، بەلكى
تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەر بىر چىنلىقنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى كۆزدە تۇتىدۇ.
ھەرقانداق بىركىشى قايسى ۋىلايەت قايسى ئايماقتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،
ئۇنىڭ قانۇن چىقىرىش، باشقىچە قارار بېرىش، سايلاش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش
ھەققى بار. بۇ تۆت ھەقنى ئىجرا قىلىشتا ناھىيە بىرلىك بولۇپ، ئۆلكە ۋە
مەركەزگە بېرىش لازىم. بۇ، ھەرقانداق بىر يەرلىك ئاپتونومىيەدىن كۆپ
تەرەققى قىلغان بىر ئۇسۇلدۇر.
ئاساسى قانۇننى تېزراق پۈتتۇرۇش ئۈچۈن، ھەممە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بارلىق
كۈچى بىلەن مەركىزى ھۆكۈمەتنى قوللاپ، چىن مىللىتىنىڭ بىرلىكىنى
كۈچلەندۈرۈشى لازىم. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۆلگەنچىلىككە سەۋەب بولىدىغان مەنىسىز
ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش لازىم.
پارسچىدىكى «سىتان» كەلىمىسى، بىزنىڭ مىللى تىلىمىزدىكى «شىڭ» يەنى ئۆلكە
كەلىمىسىگە يەتمەيدۇ. مەنچە، «تۈركىستان» كەلىمىسىنىڭ «شىنجياڭ» ۋىلايىتى
دېگەن سۆزنىڭ ئورنىدا تۇرالمايدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ سۆزلەش ھاجەتسىز.
ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا ئالىملىرى تەيۋەننى فورمۇزا دەيدۇ. بىز بۇنىڭغا قاراپ
تەيۋەننى فورمۇزا دەيلىمۇ؟ ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا ئالىملىرى دېگەن
«تۈركىستان» شىنجياڭ ۋىلايىتىنىڭ چېگرىسىغا توغرا كەلمەيدۇ. ئۇ سوۋېت
ئوتتۇرا ئاسىياسىدىن خەزەر دېڭىزىغىچە بولغان يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شىنجياڭ ۋە تىيانشاننىڭ شىمالىدىكى جايلار ئۇنىڭ سىرتىدا قالىدۇ. بىز ئاياغ
كېيىش ئۈچۈن ئايىغىمىزنى كېسىشىمىز لازىممۇ؟
يەنە ئېيتىمەنكى، تۈركىستانلىقلار تۈركتۇر!
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ لى دۇڭفاڭغا يازغان جاۋابى
جۇڭياڭ رىباۋ بۇ ماقالىنى كۆپ قىسقارتىپ باسقان، ئەمما «ئالتاي» ژۇرنىلىنىڭ
تۈركچە ۋە چىنچە نۇسخىلىرىدا تولۇق بېسىلغان. بۇ ماقالە «ئالتاي»
ژۇرنىلىنىڭ 11 ـ سانىدىن ( 1945 ـ يىل 2 ـ ئاي) كۆچۈرۈپ ئېلىنىدى.
مېنىڭ «تۈركىستانلىقلار تۈركتۇر» دېگەن ماقالەمگە قارشى لى دۇڭفاڭ ئەپەندى،
يەنە ئېيتىمەنكى، تۈركىستانلىقلارنى تۈرك دېيىش لايىق ئەمەس، دېگەن
ماۋزۇدا بىر نەرسە يېزىپ، ماقالەمگە جاۋاب بەردى. ئەمما لى ئەپەندى ئىلمىي
قىممىتى يوق نەرسىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ، كۆپ يەرلەردە ماۋزۇدىن چىقىپ
كېتىدۇ. ئاخىرىدا ئۆزى تېگىنى بىلمىگەن سىياسەتكە ئۆتۈپ ئۈستىلىق
كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن بۇ سۆزلەرنىڭ ئىلمىي ۋە سىياسىي كىشىلەر
ئالدىدا جاۋاب بەرگۈدەك قىممىتى يوق ئىدى. لېكىن ئومومنىڭ پىكرىگە شۈبھە
پەيدا قىلىدىغان يەرلىرى بولغىنى ئۈچۈن، پەقەت شۇ نوقتىلارغىلا جاۋاب
بەرمەكچىمەن. ئالدى بىلەن لى ئەپەندىنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىدىكى سىياسىي
جۈملىسىگە جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، ئىلمىي مەسىلىلەرگە ئۆتىمەن.
لى
ئەپەندى بىزنى چىخىسلوۋاكىيەنىڭ پالاكىتىگە سەۋەب بولغان ھىنلايىنغا
ئوخشىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن لى ئەپەندى بىزنى ھۆكۈمىتىمىزگە خائىن ۋە باشقا
دۈشمەننىڭ خىزمەتچىسى، دەپ تۆھمەت قىلماقچى بولىدۇ. لى ئەپەندى! ئۆزىڭىزنى
بېسىۋېلىڭ، بۇنداق سۆزلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئوڭاي ئەمەس. بىز
ھۆكۈمىتىمىزنى يۇرت ۋە مىللەتنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىمىز.
تۈركىستاننىڭ دائىمى تىنچلىقىنى ۋە تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن،
ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىش مەقسىتىدە ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن مەركەزگە كەلدۇق.
بۇ ئىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىلەن بىللە ئىشلەشكە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى ھۆكۈمەت
رەھبەرلىرىگە بىلدۈردۇق. ئۇلار بىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى ۋە
ھۆكۈمىتىمىزگە سەمىمىي ئىكەنلىكىمىزنى تەقدىرلىدى. بىز بۈگۈنگە قەدەر
ھۆكۈمىتىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆزئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ، يۈرەكلىرىمىزدىن
قانلار ئاقسىمۇ سەۋىر قىلىپ، گېزىت ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن ئاۋازىمىزنى
چىقارماي ھۆكۈمەتتىن پۇرسەت كۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتۇق. بۇ قېتىم ھۆكۈمەتنىڭ
ئېلانىغا قاراپ ئاساسى قانۇنغا لايىھە بەردۇق، باشقىلارنىڭ لايىھەسىدەك
نەشر قىلىندى. بىزچە بۇ لايىھەيىمىز تۈركىستاننىڭ دائىمىي تىنچلىقى ۋە چىن
بىلەن بىللە قېلىشىمىزنىڭ يېگانە چارىسى ئىدى. چۈنكى تۈركىستان بەك مۇھىم
بىر چېگرادۇر، ئاھالىسى تارىخىي بىر مىللەتتۇر. ئۇلارنىڭ جۇغراپىيلىك
ئورنىغا ۋە تارىخىي شەرىپىگە لايىق ھوقۇق بېرىلمىسە ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ
شۇئارىغا مۇۋاپىق سىياسەت ۋە يول تۇتۇلمىسا، تۈركىستاندا دائىمىي تىنچىلىق
بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. تىنچىسىزلىق ئىچىدە تۇرۇپ چىن بىلەن بىرگە ياشاش بەك
خەتەرلىكتۇر.
بىز
بۇ لايىھەنى بەرگەندىن كېيىن، بىزدە گېزىتقا بىرنەرسە يېزىش مەقسىتى يوق
ئىدى. سىز ھەقىقەتتىن خەۋەرسىز بولغىنىڭىز ئۈچۈن بىر نەرسە يېزىپ بىزنى
سۆزلەتتىڭىز ۋە بىرمۇنچە ئۇششاق سۆزلەرگە سەۋەبچى بولدىڭىز. تۈركىستان
مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چوڭ تەجرىبىلىك ۋە سالاھىيەتلىك كىشىلەرنىڭ
ۋەزىپىسىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ سىياسىي سۆزلىرىڭىزگە بۇ قېتىم جاۋاب
بەرمەيمەن. ئەگەر يەنە يازسىڭىز، بۇ نازۇك ۋاقىتتا مېنىڭ ئاغزىمنى ئاچقان
بولىسىز. شۇنىڭ بىلەن مەسئۇلىيەت سىزگە يۈكلىنىدۇ. سىزنىڭ بىزنى خائىن دەپ
قىلغان تۆھمىتىڭىزگە قارشى بەرگەن جاۋابىم بۇ ماقالە بىلەن تۈگىمەيدۇ.
توختاپ قېلىڭ!
لى
ئەپەندى سۆزىنىڭ بېشىدىلا دۇدلاي بوكىستوننىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىدۇ.
بوكىستون ئانتروپولوگىيە ئالىمىدۇر. بۇنىڭ سۆزى تۈركچە سۆزلىگەن ئىنسانلار
ھەققىدە ھەرقانداق بىر قەتئىي سۆز قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
بۇنىڭدىن ئۇنىڭ تەتقىقاتى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن باشقا بىرنەرسە چۈشىنىش
مۇمكىن ئەمەس. تۈركلەر ھەققىدە ئېنىق ۋە قەتئىي سۆزقىلغان ئالىملارنى لى
ئەپەندىگە تونۇشتۇرىمەن:
1 ـ
J. Deneker
بۇ كىشى بىزنى تۈز ساچلىق، تۈز بۇرۇنلۇق، بۇغداي ئۆڭلۈك، ئورتىدىن ئىگىزراق
بويلۇق تۈرك ئىرقى دەپ قەتئىي مۇئەييەنلەشتۇرىدۇ.
2 ـ
Roland B. Dixon
دېگەن كىشىمۇ بۇ سۆزنى تەكىتلەيدۇ.
3 ـ
Joyce
نىڭ
Physical Anthropology Of Chines Turkestan
(چىنىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي ئىنسان تونۇش ئىلمى) ناملىق ماقالىسىدىمۇ
شۇنداق سۆزلەر بار.
4 ـ
شىۋېتسىيىلىك ئالىمKarl
gren
تۈرك ئىرقىنىڭ بەك ئېنىق مەلۇم ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بۇ قىسقا ماقالىدە
مۇشۇنچىلىك مىسال كەلتۈرسەم يېتەر.
لى
ئەپەندى مېنىڭ «تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقى تۈركتۈر» دەپ كېسىپ
ئېيتقىنىمدىن شىكايەت قىلىدۇ. قانداق قىلىمەن؟ قولۇمدىكى قەتئىي دەلىللەر
بۇنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ دەلىللەرنى بىر تەرەپكە قويۇپ لى ئەپەندىنىڭ تەتقىق
قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇش مەنتىقىسىز بولمامدۇ؟
ئېتنوگرافىيە ۋە ئارخېئولوگىيە
ئالىملىرى تۈركىستاننىڭ تاش دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يەرلىك خەلقنىڭ
بۈگۈنكى يەرلىك خەلقلەر بىلەن ئىرقى جەھەتتە بىر ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدۇ.
لى
ئەپەندى تۈركلەرنىڭ ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئەمدى چۈشىنىپتۇ.
ماقالىسىدە تۈرك ― ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخچىسىنى بىزگە بىرمۇنچە خاتالار بىلەن
قوشۇپ ئوقۇپ بېرىدۇ. ئۇ خاتالارنىڭ ھەممىسىنى تۈزىتىپ چىقىشقا ۋاقتىم يوق.
پەقەت تۆۋەندىكى ئىككى خاتانىلا تۈزىتىپ ئۆتمەكچىمەن:
1 ـ
تۈركلەرنىڭ «تۈرك»ئىسمىنى مۇندىن پەقەت 1500 يىل بۇرۇن بەرگەنلىكى
بۈ
سۆزنى بىر چىنچە تارىخ كىتابىدا يازىدۇ. بۇنى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى بۇ سۆزنى
شۈ كىتابتىن ئالىدۇ. لېكىن ئىلمىي تەتقىق قىلغان ئالىملار «تۈرك» سۆزىنىڭ
مىلادىدىن بۇرۇندىن بېرى مۇئەييەن بىر ئىرقنىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى
ئىشەنچىلىك دەلىللەر ئارقىلىق چۇشەنگەندىن كېيىن، بۇ چىنچە كىتابتىكى
سۆزنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي قىممىتى قالمىدى. بۇ ھەقتە تۆۋەندە ھىرودوت ۋە
باشقىلار ھەققىدىكى بايانىمدا تەپسىلى سۆزلەپ ئۆتىمەن.
2 ـ
ئەسلى بىر بولغانلىقىنى لى ئەپەندىمۇ چۈشەنگەن تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى
ئورخۇن بويىدا، يەنە بىرى سېلىنگا بويىدا ئولتۇرغىنى ئۈچۈن بىر مىللەت
بولالماسلىقى
لى
ئەپەندى! خەرىتىگە قاراپ! بۇ ئىككى دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا پەقەت بىر تاغ
بولۇپ، ئارىلىقى 100 قەدەمدىن ئارتۇق ئەمەس. مۇنچە قىسقا مۇساپە ھېچقاچان
مىللەتكە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئەگەر بىر دەريا بويىدا باشقا دەريا
بويىدىكىلەردىن باشقا مىللەت بولۇش لازىم كەلسە، يەنە خەرىتىگە قاراپ،
پەقەت سىچۋەن ئۆلكىسىدە ھەر بىرى ئورخۇن ۋە سېلىنگادىن چوڭ بولغان
ئوتتۇزدىن ئارتۇق دەريا بار. ئۇنداقتا سىچۋەندە ئوتتۇزدىن ئارتۇق مىللەت
بارمۇ؟ بىز شىمال موغۇلىستاندىن تۈركىستانغا بارغان كۆكتۈرك ۋە
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى ئەمەسمىز. چۈنكى موغۇلىستاندا كۆكتۈرك دۆلىتى بار
چاغدىلا تۈركىستانغا بۇرۇن كەلگەن كۆكتۈركلەرنىڭ يوق بولۇپ كەتكەنلىكىنى
ئورخۇن ئابىدىلىرىدە يازىدۇ. ئۇيغۇرلار بولسا، تۈركىستاننىڭ شەرق قىسمىدا
يەرلىشىپ، بىرمەزگىل قۇدرەت تاپقان بولسىمۇ، ئۇ چاغلاردا تۈركىستاندا يېڭى
قۇرۇلغان قاراخانىيلار دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ، زەئىپ ھالغا كەلتۈرۈپ
ئۆزىگە تەۋە خانلىق ھالىغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى. ئۇ چاغدىن بېرى ئۇيغۇرلار
ئاران تۇرپان ۋە ئۈرۈمچى رايونلىرىدا كىچىك بىر بەگلىك ھالىتىدە ياشايتتى.
چاغاتاي دۆلىتى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئىسيان كۆتۈرگىنى ئۈچۈن خىزىر خان
ئۇلارنى يوقاتتى. قالغانلىرى يەرلىك ئاھالىغا ئارىلىشىپ كەتتى. مانا بۇنىڭ
بىلەن تۈركىستاندا ئۇيغۇر قالمىغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزنى «ئۇيغۇر» دەپ
ئاتاش خاتادۇر. بۇ ھەقتە بۇرۇنقى ماقالەمدە توختالغان ئىدىم. لى ئەپەندى
چۈشەنمەپتۇ. بىز بولساق، تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقىنىڭ (Autochtone)
ئەۋلادىدۇرمىز. ئۇلار ئىلىمىي سىاھەدە «تۈرك» دەپ ئاتىلىدۇ.
ھىرودوت مىلادىدىن تۆت ئەسىر بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيانى ساياھەت قىلىپ، ئۇ
يەردە كۆرگەن بىر قەبىلىنىڭ نامىنى كىتابىدا يازغان ئىدى. بەزىلەر بۇنى
ئالماشتۇرۇپ «يۈرك» (YURK)
دەپ يېزىشاتتى. لېكىن يۇنان ئالىمىلىرىدىن پومپونىئۇس (Pomponos
Mela
) كۆپ ئىزدەنگەندىن كېيىن بۇ كەلىمىنى «تۈرك» (TURK)
دەپ ئوقۇدى. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى ئىلمىي نەتىجىلەرمۇ بۇنىڭ توغرىلىقىنى
ئىسپاتلىدى. بۇ سۆزنى (Abamny)
«ئۇلۇغ تۈركىستان ئىلمى قامۇسى» ناملىق كىتابىدا يازغاندىن كېيىن، «تۈركلەر
تۈركىستاننىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە مۆتىۋەر بىرخەلقىدۇر» دەيدۇ. لى ئەپەندى بۇ
كىتابنى كۆرمىگەن بولسا كىرەك.
پىلىننىڭ كىم ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر. ئۇنىڭ سۆزىنى تۈرك تارىخى تەتقىقاتى
جەمئىيىتىنىڭ «ئومومىي تارىخ» ناملىق كىتابىدىن ئالدىم، ئۇ كىتابقا
ئىشىنىمەن.
بۇلاردىن باشقا مىلادىدىن بۇرۇنقى يىللاردا ياشىغان
Attaliati
دېگەن بىزانس تارىخچىسىنىڭ كىتابىنىڭ 156 - بېتىدە «ئىسكىتلەر بىلەن
تۈركلەر بىر ئىرقتىن» دەيدۇ.
ئىران مۇقەددەس كىتابىنىڭ 1 ـ جىلدىنىڭ بىرنەچچە يېرىدە مىلادىدىن مىڭ يىل
بۇرۇن ياشىغان ئاپراسياپنى «تۈرك خانى» دەپ يازىدۇ. يەنە مىلادىدىن مىڭ يىل
بۇرۇن يېزىلغان ئاۋىستا ناملىق كىتابنىڭ بېشىدىكى «زەئاستۇر» دېگەن
بۆلۈمىدە تۈركلەر ھەققىدە سۆزلەيدۇ.
ھىندىستاننىڭ مىلادىدىن بۇرۇن يېزىلغان «پىنكارت» ناملىق 20 جىلدلىق
كىتابىنىڭ بىرىنچى جىلدنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە تۈرك خانى ئاپراسياپ ھەققىدە
مەلۇمات بېرىدۇ. بۇ سۆزلەرنى ۋىنگىرىيە ئالىملىرىدىن زايتى پرانجىنىڭ 1932
ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى ئەنقەرەدە سۆزلىگەن لىكسىيەسىدىن ئالدىم.
لى
ئەپەندى! سىز ئېيىتقاندەك موغۇلىستاندىكى تۈركلەرنىڭ تۈركىستانغا كېلىشىنى
مىڭ يىل بۇرۇن بىلمەس ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا چوڭ دۆلىتى بولغان
تۈرك مىللىتىنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن ئىدى. سىزنىڭ بىلمەسلىكىڭىز بىلەن بۇنىڭ
تارىختا بولماسلىقى لازىم كەلمەيدۇ.
چىننىڭ قەدىمكى تارىخلىرىدا «تىك» دېگەن بىر مىللەت بارلىقى كۆزگە
چېلىقىدۇ. بۇلارنى تۈرك دەپ ئېيتالايمىز. چۈنكى چىندا تۈرك نامى ھەمىشە
خاتا يېزىلىدۇ. مەسىلەن، كۆكتۈركلەرنى «تۇجۆ»، ھازىرقى تۈركىيە تۈركلىرىنى
«تۇئېرچى» دەپ يازىدۇ. «تىك» كەلىمىسىنىڭمۇ مۇشۇنداق بۇزۇلۇشلارنىڭ
نەتىجىسى بولۇشى ئېھتىمالغا يىقىندۇر. (Tuerchi)
(Tuchue)
لى
ئەپەندى تۈركىستاندىكى 14 مىللەت ئەپسانىسىنىڭ قۇرۇلتاي بىلەن قارار
لاشتۇرۇلغانلىقىنى بازارغا سېلىپ بۇنى قوبۇل قىلىدۇ. لى ئەپەندى بۇرۇنقى
ماقالىسىنىڭ بېشىدا مىللەت نامىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە باشقا سىياسىي ۋاسىتىلەر
بىلەن قارارلاشتۇرۇلماسلىقىنى، بۇنىڭ پەقەت مەخسۇس ئىلمىي بىر مەسىلە
ئىكەنلىكىنى ھەققانى مەيداندا تۇرۇپ سۆزلىگەن ئىدى. لى ئەپەندى شۇنچە قىسقا
مۇددەت ئىچىدە مەسلىكىدىن ۋازكېچەرمۇ؟
لى
ئەپەندى «تۈرك مىللىتى بولۇشنى تەكلىپ قىلغان كىشى يوقتۇر، بەلكى بۇنى رەت
قىلغانلار بار» دەيدۇ.
ئۇزۇندىن بېرى پۈتۈن ئاھالە ئۆزلىرىنى تۈرك مىللىتى دەپ ئاتايتتى. لېكىن
كېيىنچە «تۈرك» ۋە «تۈركىستان» سۆزىنى ئېغزىغا ئالغانلاردىن مىڭلارچە كىشى
ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن ئۆلۈم ۋە قاماق جازاسىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بۇ
سۆزنى پەقەتلا يۈرەكلىرىدە ساقلاپ، ۋاقتىنچە ئېغىزلىرىدىن چىقارماي، جان
ساقلاشقا مەجبۇر بولدى. بۇنداق ئېزىلىش ۋە زۇلۇم ئاستىدا سۆزلىگەن سۆزلەر
ئىلمىي ۋە سىياسىي ساھەدە ھۆججەت بولالامدۇ؟
لى
ئەپەندى مەركەزدىن تۈركىستانغا ئەۋەتكەن تۈركچە ئېلانلارنى
تۈركىستانلىقلارنىڭ ئوقۇيالمىغانلىقىنى دەلىل قىلىدۇ. بۇ توغرا بولغان
تەقدىردىمۇ مەركەزدە تۈركچە بىلىدىغان ئادەم يوق. بار بولغان تەقدىردىمۇ
تۈركىيە بىلەن بىزنىڭ تىلىمىز بىردۇر، پەقەتلا شىۋە پەرقى بار بولۇپ، بەزى
يەرلىرىنى چۈشىنەلمەسلىك ئېھتىمالى بار. بۇنىڭدىن تىل ئوخشىماسلىق پەرقى
چىقمايدۇ. مەسىلەن، سىز ئېلىپبەلىك خەت بىلەن خۇنەنچە بىر نەرسە يېزىپ، ئۇ
ئېلىپبەنى بىلگەن ئەمما خۇنەنچە بىلمىگەن بىر سىچۋەنلىككە بەرسىڭىز پەقەت
چۈشىنەلمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئەمما خۇنەنچە ۋە سىچۋەنچە ھەر ئىككى
شىۋىنىڭ يۈزدە يۈز چىنچە ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر.
زۇڭلي سەنمىنجۇيى مىللى مەسلىكى دەرسلىك كىتابىنىڭ 1 ـ سىدە بىزنى تۈرك دەپ
ئاتايدۇ. زۇڭلى بولسا، كاتتا ئالىم ۋە سىياسىي كىشىدۇر. تەتقىقاتلار
نەتىجىسىدە بۇ تارىخىي نامىمىزدىن باشقا توغرا بىر ئىسىمنى تاپالمىغانلىقى
ئۈچۈن، بۇ ئىسىمنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغاندۇر.
لى
ئەپەندى ئۇيغۇر ئابىدىلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى مەندىن سورايدۇ. قولۇمدا
قىرق ئۈچ پارچە ئابىدە ۋە كىتابىلەرنىڭ فوتۇ نۇسخىلىرى ۋە تەرجىمىسى بولغان
ئىككى جىلدلىق بىر كىتاب بار. بۇنىڭدىن بىرسى ئۇيغۇر كىتابىلىرى بولۇپ،
ئۈچى قارابالغاسۇن ئابىدىلىرى، بىرى دۇنخۋاڭ مىڭ ئۆيدىن
Aurel
Stain
تاپقان 104 بەتلىك بىر كىتاب، باشقىلىرى تۇرپان ۋە مىرەندىن تېپىلغان
ئەسەرلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈرك ئېلىپبەسى ۋە تىلى بىلەن يېزىلغان
ۋەسىقىلەردۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى چاغلاردا تۈركچىدىن باشقا تىلى ۋە
يېزىقى بارلىقى مەلۇم ئەمەس.
لى
ئەپەندىنىڭ قازاق مەسىلىسىدە بىرىتانىيە ئېنسىكلوپىدىسىنى كۆرۈپ،
بۇرۇنقىدىن بىرئاز تەرەققى قىلغانلىقىنى كۆردۈم، رەھمەت! داۋاملىق تەتقىق
قىلىڭ. بىرىتانىيە ئېنسىكلوپىدىسى بىر ئاز كونا، يېتەرلىك ئەمەس.
نۇرغۇنلىغان يېڭى ئەسەرلەر بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن بەك ئېنىق مەلۇماتلارغا
ئېرىشەلەيسىز.
قىرغىز ۋە تارانچىلارنىڭ تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شەك ـ
شۈبھە يوق، بۇ ئىلىم ساھەسىدە ئىسپاتلانغان بولۇپ، بۇنى بۇرۇنقى
ماقالەمدىمۇ يازغان ئىدىم.
ئۆزبېكلەر ھەققىدە ئالدىنقى ماقالەمدە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. بۇنىڭغا
قارشى لى ئەپەندىنىڭ يازغان سۆزلىرى مەنىسىزدۇر. چىڭگىز خاننىڭ نەۋرىسى
بولغان ئۆزبېكخان ۋە ئۆزبېك نامىنىڭ ئۇنىڭدىن كەلگەنلىكىگە ئائىت مەلۇمات
مەرجانى، ئابدۇلغاپپار ۋە مۇراد ئەپەندىلەرنىڭ تارىخلىرىدا يېتەرلىك
دەرىجىدە باردۇر. ئۆزبېكلەر يۆچىلارنىڭ ئەۋلادى بولغان تەقدىردە، ئۇلارنىڭ
تۈرك بولالماسلىقى، لى ئەپەندىنىڭ چۈشەنچىسىچە يۆچىلارنىڭ كۆكتۈركلەردىن 4
ئەسىر بۇرۇن ياشىغانلىقىنى بىلگەنلىكىدىن بولسا كېرەك. لېكىن يۆچىلارنىڭ
خانلىرى بولغان كانىشكا، كۇشكا ۋە يۇشكالار ھەققىدە ئۆز زامانلىرىدا
يېزىلغان تارىخىي ۋەسىقىلەرنى مەشھۇر ئورىل سىتايىن كەشمىردىن تېپىپ نەشر
قىلدۇردى. بۇ ۋەسىقىلەردە ئۇلارنى تۈرك خانلىرى، دەپ يازىدۇ.
تاتارلار ھەققىدە يازغان سۆزلىرىمنى لى ئەپەندى ياخشى چۈشەنمەپتۇ. مەن
تاتارلارنى بۈگۈنكى بۇلغارىيىلىك دېمىدىم. بۈگۈنكى بۇلغارىيە دانيۇڭ
دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا، تاتارلارنىڭ ئەجدادى بولغان بۇلغار تۈركلىرىنىڭ
پايتەختى بولسا ۋولگا دەرياسىنىڭ بويىدا ئىدى. لى ئەپەندى خەرىتىگە قاراپ
باقسا مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ. بۇلغار تۈركلىرى دۆلىتىنىڭ 8 ـ ئەسىردىن 13
ـ ئەسىرگىچە ھۆكۈم سۈرگەنلىكى ھەققىدە ئومۇمىي تارىخ كىتابلىرىدا تەپسىلى
مەلۇمات بار. تاتارلارنىڭ رەڭلىرىنىڭ مۇھىت ۋە ھاۋا تەسىرىدىن ئۆزگىرىپ
كەتكەنلىكىنى ئېتنوگرافىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ئەمەس دەيدۇ.
مەن بۇنى لى ئەپەندىگە ئىسپاتلاپ بېرەي. كامبورىج دارىلفۇنۇنىنىڭ
ئېتنوگرافىيە پروفېسسورى ھەدون مۇھىت ۋە ھاۋا تەسىرى بىلەن رەڭنىڭ ئۆزگىرىپ
كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
لى
ئەپەندى «تاجىك» كەلىمىسىنىڭ فارسچە بولغانلىقىنى بەي شۇي ئەپەندىدىن
ئالدىم دەيدۇ. بەي شۇي ئەپەندى قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ئىرانلىقلارنى «تاجىك»
دېگەنلىكىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغان. «تاجىك» ۋە «تازى» كەلىمىلىرى ئازراق
ئوخشاپ قالسىمۇ، ئىككىسىنى بىر دەپ ئاتاش مۇمكىن ئەمەس.
لى
ئەپەندىنىڭ سۆزىدە ئىككى خاتالىق بار بولۇپ، بىرىنچىسى، يېزىقنىڭ نامى
«تۇلى» ئەمەس «تۇخارى»دۇر. ئىككىنچىسى، ئۇ يېزىق ۋاخانلىقلارنىڭ تىلىغا
يىقىن ئەمەس. مىلادى 5 ـ ئەسىرگىچە تۇخارىستان (بۈگۈنكى شىمالى
ئافغانىىستان)دا ياشىغان تۇخار مىللىتىنىڭ تىلىغا يېقىن بولغىنى ئۈچۈن، بۇ
خەت تۇخار خېتى دېيىلىدۇ. تۇخار مىللىتى بولسا، 5 ـ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا
ئاق ھۇنلار (ئىفتالىتلار)نىڭ قولىدا يوق بولغان ئىدى. ھازىرقى ۋاخانلىقلار
بولسا، مىلادى 14 ـ ئەسىردە تۈركىستاندىن ۋاخانغا كۆچۈپ بارغان ئىدى. بۇ
ئىككى تارىخقا دىققەت قىلىش لازىم.
لى
ئەپەندى مېنى بىتەرەپلىككە چاقىرىدۇ. لى ئەپەندى! ئىلىم بىتەرەپتۇر، ئادىل
مىزاندۇر. ئۇنىڭ قارارى بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتىش تەرەپتارلىق
بولىدۇ. چىنلىقلار تۈركىستانلىقلارنى بۈگۈنگىچە «چەنتۈ»، «خۇيزۇ»، «خۇيجاۋ»
دەپ ئاتىماقتا، بۇ ئىسىملارنىڭ ناھايىتى بىتەرەپلىك ۋە مەنتىقىسىز
بولغانلىقىنى ئىقرار قىلىشىڭىز لازىم.
لى
ئەپەندى ئۈرۈمچىدە مەجبۇرى توپلانغان بىر قۇرۇلتايدا، بۇلارنى يەتتە مىللەت
دەپ ئايرىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ گەرچە بەكمۇ بىتەرەپلىك ۋە ئىلمىي ئەمەس
بىر ئىش بولسىمۇ بىز بۇنىڭدىن خۇشال. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈرك
قەبىلىلىرىنىڭ ئىسىملىرىدۇر. بۇ ئىسىملار بۇرۇنقى ئىسىملارغا قارىغاندا
تارىخىي ۋە ھەقىقى ئىسمىمىزغا كۆپ يېقىندۇر. بۇ يەتتە ئىسىم بىلەن ئاتاشنىڭ
مەنىسى تۈرك دېمەكتۇر. تارىخ ۋە ئىلىم بۇنى ئىسپاتلىماقتا. بىز تارىختىن
بېرى پۈتۈن دۇنيا بىزنى ئاتىغان نامىمىزنى قوبۇل قىلدۇق، - دېدۇق.
ئوتتۇرىدا سىزدەك كىشىلەرنىڭ سىياسىي تەرەپتارلىقىدىن باشقا نەرسە يوق.
لى
ئەپەندى! سىز بىلىڭكى، بىزنى تۈرك دېيىش بىلەن چىندىن ئايرىلىپ كېتىش لازىم
كەلمەيدۇ. دۇنيادىكى مەھكۇم مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىسىملىرى بىلەن
ئاتالماقتا. بۇنىڭدىن ھېچقانداق زىيان كۆرۈلگىنى يوق. سىز مۇنچىلىك ئىشتىن
قورقسىڭىز، تولىمۇ قورقۇنچاق ئادەم ئىكەنسىز.
لى
ئەپەندى تۈركىستاندىكى خىتاي، تۇنگان، ئورۇس، شىۋە، سولۇن ۋە مانجۇ
قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدە قايغۇرىدۇ. بۇ بەك ئورۇنسىز ۋە
ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىشتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ مىللەت ناملىرىنى ھەركىم
بىلىدۇ. ئۇلار تۈركىستانغا باشقا يەردىن كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان يېڭى
يۇرتداشلىرىمىزدۇر. ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ھەرزامان سانلىرىغا كۆرە رىئايە
قىلىنىدۇ. بىزنىڭ سۆزىمىز تۈركىستاننىڭ نوپۇسىنىڭ 90 % دىن كۆپرەكىنى
تەشكىل قىلغان تۈركلەر ھەققىدە بولۇپ، لى ئەپەندى بۇ يەردە ماۋزۇدىن چىقىپ
كەتكەن.
لى
ئەپەندى تۈركىستان مەسىلىسىنى تەتقىق قىلش ئۈچۈن مەندىن ياۋرۇپا
ئالىملىرىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ تىزىملىكىنى بېرىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ. لى
ئەپەندى! تەتقىق قىلىش ئىسىم تىزىملىكى بىلەن بولمايدۇ. ئالىملارنىڭ
يىللارچە ۋە بەلكى ئەسىرلەرچە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى ۋە ھەمكارلىشىشى
بىلەن بولىدۇ. ئەگەر سىزگە ئىسىملىك لازىم بولسا، مۇشۇ ئىككى ماقالەمدىن
يېتەرلىك ئىسىملىك چىقىرىپ ئالالايسىز.
لى
ئەپەندى سۆزلىرىدە «مەن تۈركىستان ۋە تۈركىستانلىقلارنى ياخشى كۆرىمەن» دەپ
تەكرارلايدۇ. لى ئەپەندى! ياخشى كۆرمىسىڭىز، نېمە قىلاتتىڭىز؟
لى
ئەپەندى سۆزىدە بىرلىك سۆزىنى تەكرارلايدۇ ۋە ئاپتونومىيەنى يەنە رەت
قىلىدۇ. ھالبۇكى، مەن ئالدىنقى ماقالەمدە سورىغان تۆت سوئالىمغا جاۋاب
بېرەلمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئېتىبارغا ئالمايمەن.
لى
ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «تۈركىستان» كەلىمىسى ھەققىدە «ياۋرۇپا ۋە
ئامېرىكا ئالىملىرى بىزنىڭ تەيۋەن دېگەن يېرىمىزنى «فورموزا» دەيدۇ. بىز
ئەسلى ئىسمى بولغان «تەيۋەن» نى تاشلاپ «فورموزا» دەيمىزمۇ؟» دەيدۇ.
لى
ئەپەندى! «تۈركىستان» دېگەن پەقەتلا ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا ئالىملىرى ئەمەس،
مەن سىزگە ئۆز تۈركىستانىمىزدىن بىرنەچچە ئالىملارنى كۆرسىتەي:
1 ـ
مەھمۇد كاشغەرى مىلادى 1070 ـ يىلى ( بۇنىڭدىن 885 يىل بۇرۇن ) يازغان چوڭ
ئۈچ جىلدلىق «تۈرك لۇغىتى قامۇسى» (تۈركى تىللار دىۋانى) ناملىق كىتابىدا
داۋاملىق تۈركىستاننى تىلغا ئالىدۇ. 1 ـ جىلدىنىڭ 28 ـ بېتىدە شۇ چاغنىڭ
ئۇسۇلىدا تولۇق بىر تۈركىستان خەرىتىسى بار.
2 ـ
چاغاتاي دۆلىتى دەۋرىدە ئالتىشەھەر بەگلىك خانىدانىدىن بولغان ھەيدەر
مىرزىنىڭ يازغان «تارىخى رەشىدى» ناملىق تۈركىستان تارىخى «تۈركىستان»
كەلىمىسى بىلەن تولۇپ كەتكەن.
بۇلاردىن باشقا تۈركىستانلىقلارنىڭ يۈزلەرچە كىتابلىرىدىمۇ بۈگۈنگىچە
«تۈركىستان» كەلىمىسى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. بىز مانا بۇ ئەجدادلىرىمىزدىن
بېرى بۈگۈنگىچە يۇرتىمىزنى «تۈركىستان» دەيمىز.
بىزنىڭ بۇ تىلىكىمىز، تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئاتا مىراس نامى بولغان «تەيۋەن» دەپ
ئاتىلىشىنى تەلەپ قىلغىنىغا ئوخشاشلا بىر ئىشتۇر.
تۈركىستان قەدىمدىن بۈگۈنگىچە لى ئەپەندىنىڭ ئېيتقىنىدىن كەڭرەك يۇرتتۇر.
شەرقتە ئىچكىرى چىن ۋە موغۇلىستان چېگرالىرى، شىمالدا ئالتاي تاغلىرى ۋە
جەنۇبى سىبىرىيە، غەربتە ئورال دەرياسى ۋە خەزەر دېڭىزى، جەنۇبتا ھىندىقۇش،
پامىر، قاراقۇرۇم ۋە قاراڭغۇ تاغلاردىن ئىبارەت چېگرانىڭ ئىچى قەدىمدىن
بۈگۈنگىچە «تۈركىستان» دېيلىدۇ. تەبىئىي جۇغراپىيىچىلەر تۈركىستاننى غەربىي
تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ. شەرقىي تۈركىستان
دېگىنى بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ بۈگۈنكى چېگرالىرىنىڭ ئىچىگە داخىلدۇر. بىتەرەپ
خەرىتىگە قارىسىڭىز
Eastern
Turkestan
دەپ كۆرسىتىلگىنىنى كۆرىسىز. سىياسىي جۇغراپىيىچىلەر تۈركىستاننى «روسىي
تۈركىستان، ئافغانى تۈركىستان، چىنى تۈركىستان» دەپ ئۈچكە ئايرىيدۇ.
بىزنىڭ يۇرتىمىز «شەرقىي تۈركىستان» ياكى «چىنى تۈركىستان» دېيىلسە، ئىلىم
ھەم سىياسەتكە ئۇيغۇن بولىدۇ. بىزنىڭ تەلەپ قىلغىنىمىز مانا بۇ.
«سىتان» كەلىمىسى پۈتۈن ئىسلام ئەللىرىدە ئومومىي شەكىلدە قوبۇل قىلىنىپ
ئىشلىتىلگەن ئورتاق كەلىمىدۇر.
مەن
لى ئەپەندىنىڭ دىققىتىنى ئەسلى تېمىمىزغا تارتىش ۋە لى ئەپەندىنىڭ لاي سۇدا
بېلىق تۇتماسلىقى ئۈچۈن تېمىمىزنى ئەسلىتىپ ئۆتمەكچىمەن:
1 ـ
بىزنىڭ تېمىمىز ئىلمىيدۇر، سىياسىي ئەمەستۇر.
2 ـ
بىزنىڭ تېمىمىز «تۈركىستانلىقلارنى تۈرك دېيىش لازىممۇ ئەمەسمۇ؟» ئەمەس،
بەلكى «تۈركىستانلىقلار تۈركمۇ ئەمەسمۇ» دۇر.
3 ـ
بىزنىڭ تېمىمىز «تۈركىستان دېيىش لازىممۇ ئەمەسمۇ؟» ئەمەس. بەلكى
«تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىسمى تۈركىستانمۇ ئەمەسمۇ؟» دۇر.
مەن
ئەڭ ئاخىرىدا لى ئەپەندىگە شۇنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشنى خالايمەن:
1 ـ
تۈرك مىللىتى بىر مىللەتتۇر. ئۇ بىر ئاۋۇل ياكى بىر ئايماق ئەمەستۇر.
2 ـ
تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقى تۈركتۇر.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا
1945
ـ يىل 2 ـ ئاي، چۇڭچىڭ |